زىكىرىيا

 

1

خۇدانىڭ يولىغا قايتىش توغرىسىدىكى چاقىرىق

1پېرسىيە پادىشاھى دارىئوسنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 2-يىلىنىڭ 8-ئېيىدا*، پەرۋەردىگاردىن بەرەكيانىڭ ئوغلى، ئىددونىڭ نەۋرىسى بولغان زىكىرىيا پەيغەمبەرگە ۋەھىي كەلدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:
2_ مەن پەرۋەردىگار ئىلگىرى ئەجدادلىرىڭلارغا قاتتىق غەزەپلەنگەنىدىم.3شۇڭا سەن خەلققە مۇنداق دېگىن: «مەنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەنكى، سىلەر مېنىڭ يولۇمغا قايتىپ كېلىڭلار، مەنمۇ سىلەرگە قايتاي.4سىلەر ئەجدادلىرىڭلارنىڭ جاھىللىقىنى دورىماڭلار. بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەر ئۇلارغا مېنىڭ: ‹يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، رەزىل ئىشلاردىن قول ئۈزۈڭلار!› دېگەن سۆزلىرىمنى جاكارلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار سۆزۈمگە قۇلاق سالمىدى ھەم ماڭا ئىتائەت قىلمىدى.5قېنى ئاشۇ ئەجدادلىرىڭلار، قېنى ئاشۇ پەيغەمبەرلەر، ئۇلار مەڭگۈ ياشىدىمۇ؟6لېكىن مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئېيتقان سۆزلىرىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىم ئەمەلگە ئېشىپ، ئەجدادلىرىڭلارنىڭ بېشىغا كەلمىدىمۇ؟! نەتىجىدە ئۇلار توۋا قىلىشىپ: ‹قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ماڭغان يوللىرىمىزغا ۋە قىلغان قىلمىشلىرىمىزغا تېگىشلىك جازايىمىزنى بېرىپ، ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى› دەپ ئېتىراپ قىلىشتى.»

1-غايىبانە ئالامەت: ئاتلار

7دارىئوس پادىشاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 2-يىلىنىڭ 11-ئېيىدا،*بەرەكيانىڭ ئوغلى، ئىددونىڭ نەۋرىسى بولغان مەنكى پەيغەمبەر زىكىرىياغا پەرۋەردىگاردىن يەنە بىر بېشارەت كەلدى.
8مەن بۇ بېشارەتنى كېچىدە غايىبانە ئالامەتتە كۆردۈم. بىرسى تورۇق ئاتقا مىنىپ، جىلغىدىكى مىرتا دەرەخلىرىنىڭ ئارىسىدا تۇراتتى. ئۇنىڭ كەينىدە تورۇق ئات، قوڭۇر ئات ۋە ئاق ئاتقا مىنگەنلەر تۇراتتى.
9مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان بىر پەرىشتە بار ئىدى. مەن ئۇنىڭدىن:
_ تەقسىر، بۇلار كىم بولىدۇ؟ _ دەپ سورىدىم. ئۇ:

_ ئۇلارنىڭ كىملىكىنى ساڭا كۆرسىتىپ قويىمەن، _ دېدى.

10ئۇ ۋاقىتتا مىرتا دەرەخلىرىنىڭ ئارىسىدا تۇرغۇچى جاۋاب بېرىپ:
_ ئارقامدىكىلەر پەرۋەردىگار دۇنيانى چارلاشقا ئەۋەتكەنلەردۇر، _ دېدى.

11چارلاشقا بارغانلار مىرتا دەرەخلىرىنىڭ ئارىسىدا تۇرغان پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىگە:
_ بىز دۇنيانى چارلاپ چىقتۇق. پۈتۈن دۇنيا تىنچ ۋە جىمجىت ئىكەن، _ دەپ مەلۇمات بېرىشتى.

12ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى:
_ ئى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، سەن يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرىگە غەزەپلەنگىلى يەتمىش يىل بولدى. قاچانغىچە ئۇلارغا رەھىم-شەپقەت قىلمايسەن؟ _ دېدى.

13شۇندا پەرۋەردىگار مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتىگە مېھىرلىك سۆزلەر بىلەن تەسەللى بەردى.14مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە ماڭا مۇنداق دېدى:
_ سەن خەلققە شۇنداق دەپ جاكارلىغىن: «قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار دەيدۇكى، يېرۇسالېمغا، جۈملىدىن سىئون تېغىغا ئىچىم قاتتىق ئاغرىيدۇ.
15مېنىڭ راھەت-پاراغەتتە ياشاۋاتقان ھاكاۋۇر ئەللەرگە قاتتىق غەزىپىم بار. چۈنكى مەن خەلقىمگە ئازراققىنە غەزەپلىنىپ قويسام، ئۇ ئەللەر خەلقىمگە ھەددىدىن زىيادە كۆپ كۈلپەتلەرنى كەلتۈردى.16شۇڭا مەن يېرۇسالېمغا رەھىم-شەپقەت كۆرىسىتىش ئۈچۈن قايتىپ كەلدىم. يېرۇسالېمدا ئىبادەتخانام قايتا قۇرۇلىدۇ. يېرۇسالېم قايتىدىن قۇرۇلۇش ئۈچۈن ئۆلچەپ چىقىلىدۇ.»17سەن يەنە مۇنداق جاكارلىغىن: «قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹مېنىڭ شەھەرلىرىم قايتا گۈللىنىدۇ. مەن سىئونغا تەسەللى بېرىپ، يېرۇسالېمنى قايتىدىن تاللايمەن.›»

2-غايىبانە ئالامەت: مۈڭگۈز ۋە تۆمۈرچىلەر

18مەن يەنە يۇقىرىغا قاراپ، تۆت مۈڭگۈزنى كۆردۈم.19مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتىدىن:
_ بۇلار نېمىنىڭ بېشارىتى؟ _ دەپ سورىدىم. ئۇ ماڭا:

_ بۇ مۈڭگۈزلەر يەھۇدىيە، ئىسرائىلىيە، جۈملىدىن يېرۇسالېمنىڭ خەلقىنى تەرەپ-تەرەپكە چېچىۋەتكەن كۈچلۈك ئەللەردۇر، _ دەپ جاۋاب بەردى.

20پەرۋەردىگار يەنە ماڭا تۆت تۆمۈرچىنى كۆرسەتتى.21مەن پەرىشتىدىن:
_ بۇ تۆمۈرچىلەر نېمە ئىش قىلىشقا كەلدى؟ _ دەپ سورىدىم. ئۇ:

_ مۈڭگۈزلەر يەھۇدىيە خەلقىنى تەرەپ-تەرەپكە چېچىۋەتكەن ۋە ئۇلارنى ئەزگەن ئەللەر بولسا، تۆمۈرچىلەر خەلقىنى ھۇجۇم قىلىپ، تەرەپ-تەرەپكە چېچىۋەتكەن ئاشۇ مۈڭگۈزلەرنى ئالاقزادە قىلىپ، يەر بىلەن يەكسان قىلىدىغانلاردۇر، _ دەپ جاۋاب بەردى.


*1: 1مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 520-يىلىنىڭ 10-ياكى 11-ئېيىغا توغرا كېلىدۇ.

*1: 7مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 519-يىلىنىڭ 1-ياكى 2-ئېيىغا توغرا كېلىدۇ.


 

2

3-غايىبانە ئالامەت: ئۆلچەم تانىسى

1مەن يەنە قارىدىم ۋە قولىدا ئۆلچەم تانىسى تۇتۇپ كېتىۋاتقان بىر يىگىتنى كۆردۈم.2مەن ئۇ يىگىتتىن:
_ نەگە كېتىۋاتىسىز؟ _ دەپ سورىدىم. ئۇ:

_ يېرۇسالېمغا، شەھەرنى ئۆلچەشكە، شەھەرنىڭ كەڭلىكى ۋە ئۇزۇنلۇقىنى بىلىشكە كېتىۋاتىمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى.

3ئاندىن مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە ئۆزىگە قاراپ كېلىۋاتقان يەنە بىر پەرىشتىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشتى.4كەلگەن پەرىشتە مۇنداق دېدى:
_ تېز بول! ئاۋۇ كېتىۋاتقان ياش يىگىتكە مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «ئادەم ۋە چارۋا ماللارنىڭ كۆپلىكىدىن يېرۇسالېم شەھىرىگە سىغماي قالىدۇ، سېپىللار بولمايدۇ.
5پەرۋەردىگار دەيدۇكى، مەن ئۆزۈم يېرۇسالېمنىڭ ئەتراپىدا ئوت سېپىلى، ئىچىدە شان-شەرىپى بولىمەن!»

سۈرگۈندىكىلەرنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى

6«تېز بولۇڭلار، مەن سىلەرنى دۇنيانىڭ تۆت بۇلۇڭىغا چېچىۋەتكەنىدىم، ئەمدى شىمالدىكى بابىلدىن قېچىپ چىقىڭلار!7ئەي بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغان سىئون خەلقى، تىز بولۇڭلار، قېچىڭلار!» دەيدۇ پەرۋەردىگار.8قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ شان-شەرىپىنىڭ ئايان بولۇشى ئۈچۈن، سىلەرنى تالان-تاراج قىلغان ئەللەرگە قارشى مېنى ئەۋەتتى. سىلەرگە چېقىلغانلىق خۇددى پەرۋەردىگارنىڭ كۆز قارىچۇقىغا چېقىلغانلىقتۇر.9پەرۋەردىگار: «كۆرۈپ تۇرۇڭلار، مەن بۇ ئەللەرگە قارشى مۇشتۇمنى كۆتۈرىمەن. ئۇلارنىڭ قۇللىرى ئۆزلىرىنى تالان-تاراج قىلىدۇ.» دەيدۇ. شۇ چاغدا سىلەر قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ مېنى ئەۋەتكەنلىكىنى بىلىسىلەر.10پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي سىئون قىزى*، چۇقان سېلىڭلار، تەنتەنە قىلىڭلار! چۈنكى مەن كېلىپ ئاراڭلاردا ياشايمەن.11ئۇ كۈنلەردە نۇرغۇنلىغان خەلقلەر مەن پەرۋەردىگارغا باغلىنىپ، مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ. مەن ئۆزۈم سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ياشايمەن. ئەنە شۇ چاغدا، مەنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ زىكىرىيانى سىلەرگە ئەۋەتكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.12مەن يەھۇدىيەنى مۇقەددەس زېمىندىكى مۈلكۈم قىلىمەن ۋە يېرۇسالېمنى قايتا شەھىرىم قىلىپ تاللايمەن.13ئەي ئىنسانلار، مېنىڭ ئالدىمدا سۈكۈتتە تۇرۇڭلار! چۈنكى مەن مۇقەددەس ماكانىمدىن قوزغىلىپ كەلمەكتىمەن.»


*2: 10سىئون قىزى _ سىئون يېرۇسالېمدىكى بىر تاغ بولۇپ، بۇ يەردە «سىئون قىزى» يېرۇسالېم ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە سىمۋول قىلىنغان. ئۇ يەنە «يېرۇسالېم قىزى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.


 

3

4-غايىبانە ئالامەت: باش روھانىي يوشۇۋا

1ئاندىن پەرۋەردىگار ماڭا باش روھانىي يوشۇۋانىڭ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆرسەتتى. شەيتان يوشۇۋانىڭ ئوڭ تەرىپىدە تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىۋاتاتتى.2بۇ چاغدا پەرۋەردىگار شەيتانغا:
_ ئەي شەيتان، سېنىڭ شىكايىتىڭنى رەت قىلىمەن! مەن، يەنى يېرۇسالېمنى تاللىغان پەرۋەردىگار سېنىڭ شىكايىتىڭنى رەت قىلىمەن! بۇ ئادەم خۇددى ئوتتىن قۇتقۇزۇۋېلىنغان چۇچىلىغا ئوخشىمامدۇ؟ _ دېدى.

3يوشۇۋا پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئالدىدا مەينەت كىيىملەر بىلەن تۇراتتى.4پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۆزىنىڭ ئالدىدا تۇرغانلارغا:
_ ئۇنىڭ مەينەت كىيىملىرىنى سالدۇرۇۋېتىڭلار! _ دېدى. ئاندىن يوشۇۋاغا:

_ قارا، مەن سېنىڭ گۇناھىڭنى كۆتۈرۈۋەتتىم، ئەمدى ساڭا بايراملىق كىيىملەرنى كىيدۈرىمەن، — دېدى.

5مەن ئېغىز ئېچىپ:
_ ئۇلار يەنە يوشۇۋانىڭ بېشىغا پاكىز سەللە ئوراپ قويسۇن، _ دېدىم.

شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يوشۇۋانىڭ بېشىغا پاكىز سەللە يۆگىدى، ئۇچىسىغا يېڭى كىيىملەرنى كىيدۈردى. پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭ يېنىدا تۇراتتى.
6پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى يوشۇۋاغا كەسكىن قىلىپ، مۇنداق دېدى:
7_ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر سەن مېنىڭ يولۇمدا مېڭىپ، مەن ساڭا تاپشۇرغان ۋەزىپىلەرنى ئادا قىلساڭ، ئىبادەتخانامنى ۋە ئۇنىڭ ھويلىلىرىنى باشقۇرىسەن. سېنىڭ بۇ يەردە تۇرغان پەرىشتىلەرنىڭ ئارىسىدا بولۇشۇڭغا ئىجازەت بېرىمەن.8ئەي باش روھانىي يوشۇۋا ۋە سەن بىلەن بىرگە ئىشلەيدىغانلار، قۇلاق سېلىڭلار. سىلەر يۈز بەرمەكچى بولغان ئىشلارنىڭ بېشارىتىدۇرسىلەر. مەن ‹نوتا› دەپ ئاتالغان خىزمەتكارىمنى ئەۋەتىمەن.9قاراڭلار، مەن يوشۇۋانىڭ ئالدىغا بىر تاش قويدۇم، ئۇنىڭ يەتتە يۈزى بار. مەن ئۇنىڭ ئۈستىگە خەتلەرنى ئويۇپ، بۇ زېمىندىكى بارلىق گۇناھلارنى بىر كۈندىلا كۆتۈرۈۋېتىمەن.10ئاشۇ كۈنى، ھەربىرىڭلار قېرىنداشلىرىڭلارنى چاقىرىپ، ئۆزۈڭلارنىڭ ئۈزۈم بارىڭى ۋە ئەنجۈر دەرىخىڭلارنىڭ ئاستىدا خاتىرجەم ئولتۇرىسىلەر. بۇ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»

 

4

5-غايىبانە ئالامەت: چىراغدان ۋە زەيتۇن دەرەخلىرى

1مەن بىلەن سۆزلەشكەن ئاشۇ پەرىشتە قايتىپ كېلىپ، خۇددى مۈگدەپ قالغان ئادەمنى نوقۇپ سەگەكلەشتۈرگەندەك، مېنى نوقۇپ سەگەكلەشتۈردى.2ئۇ مەندىن:
_ نېمىنى كۆردۈڭ؟ _ دەپ سورىدى. مەن:

_ مەن ساپ ئالتۇندىن ياسالغان بىر چىراغداننى كۆردۈم. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر قاچا قويۇپ قويۇلغان بولۇپ، قاچىنىڭ گىرۋەكلىرىدە يەتتە دانە چىراغ، ھەر بىر چىراغدا يەتتە تالدىن پىلىك بار ئىدى.
3چىراغداننىڭ يېنىدا يەنە ئىككى تۈپ زەيتۇن دەرىخى بار ئىدى. ئۇلار قاچىنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرەپلىرىدە ئىدى، _ دېدىم ۋە4مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتىدىن:
_ تەقسىر، بۇلار نېمىنىڭ بېشارىتى؟ _ دەپ سورىدىم.
5ئۇ:
_ بۇلارنىڭ نېمىنىڭ بېشارىتى ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟ _ دەپ ياندۇرۇپ سورىدى. مەن:

_ ياق تەقسىر، _ دەپ جاۋاب بەردىم.

6ئاندىن ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى:
_ پەرۋەردىگار زىرۇببابەلگە مۇنداق دەيدۇ: «قۇدرىتىڭلار ياكى كۈچۈڭلار بىلەن ئەمەس، بەلكى مېنىڭ روھىم بىلەن مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىسىلەر. بۇ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.
7ئەي تاغدەك چوڭ توسالغۇ، سەن زىرۇببابەلنىڭ ئالدىدا نېمە ئىدىڭ؟ سەن زىرۇببابەلنىڭ ئالدىدا تۈزلەڭلىكتەك تۈزلىنىپ كېتىسەن. زىرۇببابەل ئىبادەتخانىغا ئەڭ ئاخىرقى تاشنى قويغاندا، خەلق: ‹خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى مۇشۇ ئىبادەتخانىغا يار بولغاي!› دەپ چۇقان سېلىشىدۇ.»
8پەرۋەردىگار يەنە ماڭا مۇنداق دېدى:
9_ زىرۇببابەل ئۆز قولى بىلەن ئىبادەتخانىنىڭ ئۇلىنى قويدى، ئۇنىڭ قولى بۇ قۇرۇلۇشنى چوقۇم تاماملايدۇ. شۇندىلا، ئۇ مەنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ سېنى خەلققە ئەۋەتكەنلىكىمنى بىلىپ قالىدۇ.
10قۇرۇلۇشنىڭ باشلىنىشىنى كىچىك ئىش دەپ كۆزگە ئىلمىغانلار ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان زىرۇببابەلنىڭ قولىدىكى تامنىڭ تۈزلۈكىنى تەكشۈرىدىغان تانىنى كۆرگەندە خۇشاللىققا چۆمىدۇ.
(يەتتە دانە چىراغ پەرۋەردىگارنىڭ پۈتۈن زېمىننى كۆزىتىپ تۇرىدىغان يەتتە كۆزىدۇر.)

11پەرىشتىدىن:
_ چىراغداننىڭ ئوڭ-سول تەرەپلىرىدىكى بۇ ئىككى زەيتۇن دەرىخى نېمىنىڭ بېشارىتى؟ _ دەپ سورىدىم
12ۋە ئۇنىڭدىن يەنە _ ئالتۇن رەڭلىك زەيتۇن يېغى ئېقىپ چۈشۈۋاتقان ئىككى دانە ئالتۇن نوكەشنىڭ يېنىدىكى ئىككى دانە زەيتۇن شېخى نېمىنىڭ بېشارىتى؟ _ دەپ سورىدىم.
13ئۇ مەندىن:
_ بۇلارنىڭ نېمىنىڭ بېشارىتى ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟ _ دەپ سورىدى. مەن:

_ ياق تەقسىر، _ دەپ جاۋاب بەردىم.
14ئۇ ماڭا:
_ بۇ ئىككى شاخ پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىگىسى ئۆزىگە خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن تاللىغان ئىككى كىشىنىڭ بېشارىتىدۇر، _ دېدى.

 

5

6-غايىبانە ئالامەت: ئۇچۇۋاتقان يازما

1مەن يەنە يۇقۇرىغا قارىدىم ۋە ئۇچۇۋاتقان بىر يازمىنى كۆردۈم.
2پەرىشتە مەندىن:
_ نېمىنى كۆردۈڭ؟ _ دەپ سورىدى. مەن:

_ ئۇچۇۋاتقان بىر يازمىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئون مېتىر، كەڭلىكى بەش مېتىر كېلىدىكەن، _ دەپ جاۋاب بەردىم.

3ئاندىن ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى:
_ بۇ يازمىغا پۈتۈن دۇنيانى قارغايدىغان قارغىش سۆزلەر پۈتۈلگەندۇر. بىر يۈزىگە ئوغرىلىق قىلغانلارنىڭ يوقىتىلىشى ھەققىدىكى قارغىشلار، يەنە بىر يۈزىگە ساختا قەسەم قىلغانلارنىڭ ۋەيران قىلىنىشى ھەققىدىكى قارغىشلار پۈتۈلگەندۇر.
4قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن بۇ قارغىشنى ئەۋەتتىم. ئۇ ئوغرىنىڭ ئۆيىگە ۋە مېنىڭ نامىمدا ساختا قەسەم قىلغانلارنىڭ ئۆيىگە چۈشىدۇ. ئاندىن ئۇ شۇ ئۆيلەردە ماكانلىشىپ، ئۇلارنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىدۇ، ئۆيلىرىنىڭ بىر دانە تاش، بىر تال ياغىچىمۇ قالمايدۇ.»

7-غايىبانە ئالامەت: ئىدىش ئىچىدىكى ئايال

5مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە يېنىمغا كېلىپ:
_ قارا، نېمە كېلىۋاتىدۇ، _ دەپ سورىدى مەندىن. مەن:

6_ ئۇ نېمە؟ _ دەپ قايتۇرۇپ سورىدىم. ئۇ:
_ ئۇ بىر ئۆلچەم ئىدىشىدۇر. ئۇنىڭغا زېمىندىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرى قاچىلانغاندۇر، _ دەپ جاۋاب بەردى.

7ئاندىن ئىدىش ئۈستىدىكى قوغۇشۇن قاپقاق ئېلىۋېتىلدى. ئىچىدە بىر ئايال ئولتۇراتتى.8پەرىشتە:
_ بۇ ئايالنىڭ ئىسمى «رەزىللىك»تۇر، _ دېدى. ئاندىن چىقىشقا ئۇرۇنغان ئايالنى ئىدىشنىڭ ئىچىگە قايتىدىن تىقىپ، قاپقاقنى يېپىۋەتتى.

9مەن يەنە ئىككى ئايالنىڭ شامالدا لەيلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلارنىڭ قاناتلىرى لەيلەكنىڭ قاناتلىرىغا ئوخشايتتى. ئۇلار كېلىپ، ئىدىشنى ئېلىپ، ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى.
10مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتىدىن:
_ ئۇلار ئىدىشنى نەگە ئاپىرىدۇ؟ _ دەپ سورىدىم.
11ئۇ ماڭا:
_ ئۇنى بابىلغا ئېلىپ بارىدۇ. بابىللىقلار بۇ ئىدىش ئۈچۈن بىر سەجدىگاھ سالىدۇ. سەجدىگاھ پۈتكەندىن كېيىن، ئۇنى ئۇنىڭ ئۈچۈن ياسالغان سۇپىغا قويۇشىدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى.

 

6

8-غايىبانە ئالامەت: تۆت ھارۋا

1ئاندىن مەن يەنە نەزەر سېلىپ، تۆت جەڭ ھارۋىسىنىڭ ئىككى تاغ ئارىسىدىن كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇ تاغلار تۇچتىن ئىدى.2بىرىنچى جەڭ ھارۋىسى تورۇق ئاتقا، ئىككىنچىسى قارا ئاتقا،3ئۈچىنچىسى ئاق ئاتقا، تۆتىنچىسى چىپار ئاتقا قېتىلغانىدى، بۇ ئاتلار كۈچلۈك ئىدى.
4مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتىدىن:
_ تەقسىر، بۇلار نېمىنىڭ بېشارىتى؟ _ دەپ سورىدىم.

5پەرىشتە ماڭا مۇنداق جاۋاب بەردى:
_ ئۇلار پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىگىسىنىڭ ھۇزۇرىدىن تۆت تەرەپكە قاراپ كېتىۋاتقان ساماۋى شاماللار.
6قارا ئاتلىق جەڭ ھارۋىسى شىمالغا، ئاق ئاتلىق جەڭ ھارۋىسى غەربكە ۋە چىپار ئاتلىق جەڭ ھارۋىسى جەنۇبقا بارىدۇ.7بۇ كۈچلۈك ئاتلار پۈتۈن زېمىننى چارلاشقا تەقەززادۇر.
پەرىشتە ئۇلارغا:

_ بېرىڭلار، زېمىننى چارلاپ كېلىڭلار _ دېدى.

شۇنداق قىلىپ، ئۇلار چارلاشقا كەتتى.
8ئۇ مېنى يەنە چاقىرىپ:
_ مانا قارا! شىمالغا بارغان ئاتلار پەرۋەردىگارنى غەزىپىدىن ياندۇردى، _ دېدى.

يوشۇۋاغا تاج كىيدۈرۈش توغرىسىدىكى ئەمر

9پەرۋەردىگار ماڭا يەنە مۇنداق دېدى:
10_ سەن سۈرگۈندىن قايتقان خەلداي، توبىيا ۋە يىدايالار بابىلدىن سوۋغا قىلىپ ئەكەلگەن ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى ئېلىپ، شۇ كۈنىلا زىفانيانىڭ ئوغلى يوشىيانىڭ ئۆيگە بارغىن.11ئاندىن مۇشۇ ئالتۇن-كۈمۈشلەر بىلەن بىر تاج ياسىتىپ، ئۇنى يىھوزاداقنىڭ ئوغلى باش روھانىي يوشۇۋانىڭ بېشىغا كىيدۈرۈپ قويغىن ۋە12ئۇنىڭغا مۇنداق دەپ ئېيتقىن، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بىر ‹نوتا› پەيدا بولۇپ، ئۆز تۈۋىدىن بىخلىنىپ چىقىدۇ. ئۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قايتىدىن سالىدۇ.13مېنىڭ ئىبادەتخانامنى سالىدىغان كىشى ئۇدۇر. ئۇ پادىشاھلىق شان-شەرىپىگە ئىگە بولۇپ، تەختتە ئولتۇرۇپ، ھۆكۈم سۈرىدۇ ۋە روھانىينىڭ ۋەزىپىسىنىمۇ ئادا قىلىدۇ. بۇ ئىككى ۋەزىپە بىر-بىرىگە تاقاشمايدۇ.14بۇ تاج مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا قويۇلىدۇ. ئۇ خەلداي، توبىيا، يىدايا ۋە زىفانيانىڭ ئوغلى يوشىيالارنى ئەسلىتىدىغان خاتىرە بولىدۇ.»
15يىراقتىن كىشىلەر كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى سېلىشقا ياردەم بېرىدۇ. شۇ چاغدا سىلەر مەن زىكىرىيانى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئەۋەتكەنلىكىنى بىلىسىلەر. ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارغا تولۇق ئىتائەت قىلساڭلار، بۇ ئىشلار چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ.

 

7

ئادىل ۋە مېھىر-شەپقەتلىك بولۇشقا چاقىرىش

1پادىشاھ دارىئوسنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 4-يىلىنىڭ 9-ئېيىدا، يەنى كىسلاۋ ئېيىنىڭ 4-كۈنى*پەرۋەردىگاردىن زىكىرىياغا يەنە بىر ۋەھىي كەلدى.
2بۇرۇن بەيتەللىكلەر سارئەزەر ۋە رەگەم-مەلەكنى ھەم ئۇلارنىڭ ئادەملىرىنى پەرۋەردىگاردىن ئىلتىپات سوراشقا يېرۇسالېمغا ئەۋەتكەنىدى.3ئۇلار كېلىپ، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى روھانىيلار ۋە پەيغەمبەرلەردىن: «يىللاردىن بېرى ئىبادەتخانا ۋەيران قىلىنغان خاتىرە كۈنىنى ئەسلەپ، ياز ئاخىرىدا قىلىپ كېلىۋاتقان قايغۇ ئىچىدىكى روزىمىزنى يەنە داۋاملاشتۇرىمىزمۇ؟» دەپ سورىدى.
4قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
5_ سەن بۇ زېمىندىكى بارلىق خەلققە ۋە روھانىيلارغا مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «سىلەر يەتمىش يىلدىن بېرى ياز ئوتتۇرىسى ۋە كۈز ئايلىرى روزا تۇتۇپ قايغۇڭلارنى ئىپادىلىدىڭلار. ئەمما بۇنى راست مەن پەرۋەردىگار ئۈچۈن قىلغانمىدىڭلار؟!6سىلەرنىڭ يەپ-ئىچىشىڭلارمۇ ئۆزۈڭلارنىڭ نەپسىڭلار ئۈچۈن بولغان ئەمەسمىدى؟!7بۇنداق سۆزلەرنى مەن پەرۋەردىگار ئىلگىرىمۇ پەيغەمبەرلىرىم ئارقىلىق سىلەرگە جاكارلاپ كەلگەن ئەمەسمىدىم؟ ئەينى چاغدا يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيە شەھەرلىرىگە ئادەملەر ماكانلىشىپ، ئاۋاتلاشقانىدى. نەگېب چۆللۈكى ۋە غەربىي ئېدىرلىقلارغىمۇ ئادەملەر ئولتۇراقلاشقانىدى.»
8پەرۋەردىگار زىكىرىياغا يەنە مۇنداق دېدى:
9_ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: «سىلەر ھۆكۈمدە ئادىل بولۇپ، بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت ۋە رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىڭلار.10تۇل خوتۇن، يېتىملەرگە، يات خەلقلەردىن بولغان مۇساپىرلارغا ۋە نامراتلارغا زۇلۇم قىلماڭلار. قەلبىڭلاردا بىر-بىرىڭلارغا يامانلىق ئويلىماڭلار.11ئەجدادلىرىڭلار سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىشنى خالىمىدى. ئۇلار جاھىللىق قىلدى، مەندىن يۈز ئۆرۈپ، قۇلاقلىرىنى ئېتىۋالدى.12ئەجدادلىرىڭلار يۈرەكلىرىنى تاشتەك قاتتىق قىلىپ، بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەر مېنىڭ روھىم ئارقىلىق يەتكۈزگەن تەلىملىرىم ۋە باشقا سۆزلىرىمگە ئەمەل قىلمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۇلارغا قاتتىق غەزەپلەندىم.13مەن ئۇلارنى چاقىرغاندا، ئۇلار مېنىڭ چاقىرىشىمغا قۇلاق سالمىدى. شۇڭا ئۇلار مېنى چاقىرغاندىمۇ مەنمۇ ئۇلارنىڭ چاقىرىشىغا قۇلاق سالمىدىم.14مەن ئۇلارنى خۇددى بوران ئۇچۇرۇۋەتكەندەك، يات ئەللەرگە ئۇچۇرۇۋەتتىم. ئۇلارنىڭ زېمىنى قاقاسلىققا ئايلىنىپ، ھېچكىم ئۇ يەرگە ئاياغ باسمىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار باياشات زېمىنىنى چۆللۈككە ئايلاندۇردى.»


*7:1*


 

8

يېرۇسالېمنى قايتا گۈللەندۈرۈش توغرىسىدىكى ۋەدە

1قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگاردىن ماڭا مۇنداق ۋەھىي كەلدى.2ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «سىئونغا بەك ئىچىم ئاغرىيدۇ. ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىغانچە، دۈشمەنلىرىگە غەزىپىم تاشىدۇ.»
3پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن سىئونغا قايتىپ كېلىپ، يېرۇسالېمنى ماكان قىلىمەن. ئەنە شۇ چاغدا يېرۇسالېم شەھىرى ‹ساداقەتلىك شەھەر›، مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ سىئون تېغى ‹مۇقەددەس تاغ› دەپ ئاتىلىدۇ.»
4قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بوۋاي ۋە مومايلار كوچىلاردا ھاسىلىرىنى تۇتۇشۇپ ھال-مۇڭ بولۇپ ئولتۇرۇشىدىغان،5شەھەر كوچىلىرى ئويناۋاتقان بالىلار بىلەن تولىدىغان كۈنلەر قايتا كېلىدۇ.»
6قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئىشلار ھازىر ئامان قالغان خەلقىمگە مۇمكىن ئەمەستەك تۇيۇلىدۇ، لېكىن مەن ئۈچۈن ئىمكانسىز ئەمەستۇر! بۇ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»
7قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن خەلقىمنى كۈنچىقىش ۋە كۈنپېتىشتىكى ئەللەردىن قۇتۇلدۇرۇپ ئەكېلىمەن.8ئۇلارنى يېرۇسالېمدا ياشاشقا قايتۇرۇپ ئەكېلىمەن. ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ، مەن ساداقەت ۋە ھەققانىيلىق بىلەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن.»
9قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئىبادەتخانامنى قايتا قۇرۇپ چىقىشقا جاسارىتىڭلار بولسۇن! بۇ سۆزلەرنى بۇرۇن ئىبادەتخانامنىڭ ئۇلى سېلىنغان كۈنى پەيغەمبەرلەر يەتكۈزگەنىدى ۋە بۈگۈنمۇ سىلەر بۇ سۆزلەرنى يەنە ئاڭلاۋاتىسىلەر.10ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىنى باشلاشتىن بۇرۇن ئادەملەرمۇ ۋە ھايۋانلارمۇ ئۆز مېھنىتىگە يارىشا ھەققىنى ئالالمايتتى. دۈشمەن سەۋەبىدىن ھېچكىم خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرەلمەيتتى. مەن ھەممىنى بىر-بىرىگە قارشى قىلىپ قويغانىدىم.11لېكىن ھازىر مەن ئامان قالغان بۇ خەلقىمگە بۇرۇنقىدەك مۇئامىلە قىلمايمەن.12خەلقىم خاتىرجەم ھالدا زىرائەتلەرنى تېرىيدۇ. ئۈزۈم تاللىرى ساپاق-ساپاق ئۈزۈملەرگە تولىدۇ. ئاسماندىن شەبنەم چۈشۈپ، زېمىن مول ھوسۇل بېرىدۇ. مەن ئامان قالغان خەلقىمگە بۇ بەختنى ئاتا قىلىمەن.13ئەي يەھۇدىيە ۋە ئىسرائىلىيە خەلقلىرى، ئىلگىرى سىلەر ئەللەر ئارىسىدا لەنەتكە قالغان خەلق دەپ ئاتالغان بولساڭلار، ئەمدىلىكتە مەن سىلەرنى قۇتقۇزىمەن. سىلەر بەخت مەنبەسى بولىسىلەر، شۇڭا قورقماڭلار، بەلكى جاسارەتلىك بولۇڭلار!»
14قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئىلگىرى ئەجدادلىرىڭلار غەزىپىمنى قوزغىغاندا، مەن ئۇلارغا بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىشنى قارار قىلىپ، قارارىمدىن يانمىغانىدىم.15شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەمدى مەن يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيە خەلقىگە ياخشىلىق قىلىشنى قەتئىي قارار قىلدىم. سىلەر قورقماڭلار،16لېكىن مۇنداق قىلىڭلار: بىر-بىرىڭلارغا راستچىل بولۇڭلار، ھۆكۈمدە ئادىل بولۇپ، تىنچلىق ئورنىتىڭلار.17قەلبىڭلاردا بىر-بىرىڭلارغا يامانلىق ئويلىماڭلار. يالغان قەسەم قىلىشتىن توختاڭلار، چۈنكى مەن بۇ ئىشلاردىن نەپرەتلىنىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»

روزا تۇتۇش توغرىسىدىكى سوئال

18قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگاردىن ماڭا ۋەھىي كەلدى.19ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ياز بېشى، ياز ئوتتۇرىسى، كۈز، قىش ئايلىرىدىكى روزا تۇتۇش كۈنلىرى يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ خۇشاللىق بىلەن تەنتەنە قىلىدىغان بايراملىرىغا ئايلىنىدۇ. شۇڭا سىلەر ھەقىقەت ۋە تىنچلىقنى سۆيۈڭلار.»
20قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «شۇنداق زامانلار كېلىدۇكى، ئۇ چاغدا نۇرغۇن ئەللەر ۋە نۇرغۇن شەھەرلەرنىڭ ئاھالىلىرى يېرۇسالېمغا كېلىدۇ.21بىر شەھەرنىڭ ئاھالىلىرى يەنە بىر شەھەردىكى ئاھالىلەرنىڭ ئالدىغا بېرىپ: ‹يۈرۈڭلار، تېز بولۇڭلار! پەرۋەردىگارنىڭ بىزگە ئىلتىپات قىلىشىنى تىلەيلى، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلايلى! يۈرۈڭلار، بىز بىرگە بارايلى!› دېيىشىدۇ.22كۆپ خەلقلەر ۋە كۈچلۈك ئەللەر يېرۇسالېمغا كېلىپ، مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىدۇ ھەم مېنىڭ ئۆزلىرىگە ئىلتىپات قىلىشىمنى تىلەيدۇ.»
23قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئاشۇ كۈنلەردە ھەر خىل تىللاردا سۆزلىشىدىغان، ھەر خىل ئەللەرگە مەنسۇپ ئون ئادەم بىر يەھۇدىينىڭ چاپىنىنىڭ پېشىگە ئېسىلىپ، ئۇنىڭغا: ‹بىزمۇ سىز بىلەن بىرگە بارايلى! چۈنكى بىز خۇدانىڭ سىلەرگە يار ئىكەنلىكىنى ئاڭلىدۇق› دېيىشىدۇ.»

 

9

ئىسرائىلىيە دۈشمەنلىرىنىڭ جازالىنىشى

1بۇ پەرۋەردىگارنىڭ خادراك زېمىنى ۋە دەمەشق شەھىرىگە قارشى چۈشۈرگەن ۋەھىيسىدۇر.

پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن پۈتۈن ئىنسانىيەتنى ھەم بارلىق ئىسرائىللارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.

2ئۇ خادراكقا چېگراداش بولغان خاماتنىمۇ كۆرۈپ تۇرىدۇ.

گەرچە تىر ۋە سىدونلۇقلار ئۆزلىرىنى ناھايىتى ئەقىل-پاراسەتلىك ھېسابلىسىمۇ،

ئۇلارنىمۇ پەرۋەردىگار كۆرۈپ تۇرىدۇ.

3تىر خەلقى ئۆزلىرى ئۈچۈن پۇختا سېپىل ياسىدى.

ئۇلارنىڭ بايلىقىدىن كۈمۈشلىرى توپىدەك، ئالتۇنلىرى كوچىلاردىكى لايدەك دۆۋىلەندى.

4لېكىن ئىگىمىز ئۇلارنىڭ ھەممە نەرسىلىرىنى تارتىۋالىدۇ.

دېڭىزدىكى ھەيۋىسىنى سۇندۇرىدۇ.

تىر شەھىرى ئوتقا يەم بولىدۇ.

5ئاشقىلون خەلقى بۇنى كۆرۈپ، قورقۇپ كېتىدۇ.

گازا خەلقىمۇ، ئازابتىن تولغىنىدۇ.

ئەقرون خەلقىمۇ ئۈمىدسىزلىنىدۇ.

گازانىڭ پادىشاھى ئۆلتۈرۈلىدۇ،

ئاشقىلون ئادەمسىز قالىدۇ.

6ئاشدود شەھىرىدە نەسلى بۇزۇلغان خەلقلەر ياشايدۇ.

پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«مەن فىلىستىيەلىكلەرنىڭ تەكەببۇرلۇقىنى

يەر بىلەن يەكسان قىلىمەن.

7ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىن قېنى بار ھارام گۆشلەرنى،

چىشلىرىدىن يىرگىنچلىك نەرسىلەرنى تارتىپ چىقىرىمەن.

فىلىستىيەلىكلەردىن ئامان قالغانلىرى مەن پەرۋەردىگارغا تەۋە بولۇپ،

يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىدۇ.

ئەقرون خەلقى يىبۇسلاردەك خەلقىم قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

8دۈشمەنلەرنىڭ بېسىپ كىرمەسلىكى ئۈچۈن،

ئۆز ئىبادەتخانامنى قوغدايمەن.

يات خەلقلەر ئەمدى خەلقىمگە زۇلۇم سالالمايدۇ،

چۈنكى مەن زېمىنىمنى كۆزىتىپ تۇرىمەن.»

كەلگۈسىدىكى پادىشاھ

9پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«شادلان ئەي سىئون قىزى!

چۇقان سال قىزىم يېرۇسالېم!

مانا، پادىشاھىڭلار كېلىۋاتىدۇ!

ئۇ ھەققانىيدۇر، ئۇ نىجاتلىق ئېلىپ كېلەر.

ئۇ كىچىك پېئىلدۇر، ئۇ ئېشەككە،

يەنى تەخەيگە مىنىپ كېلەر.

10مەن ئىسرائىلىيەدىن جەڭ ھارۋىلىرىنى،

يېرۇسالېمدىن جەڭ ئاتلىرىنى يوقىتىمەن.

ئۇرۇش قوراللىرىنى سۇندۇرۇپ تاشلايمەن.

ئاندىن ئۇ ئەللەرگە تىنچلىق جاكارلار.

ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى دېڭىزدىن دېڭىزغىچە،

فىرات دەرياسىدىن تېخىمۇ يىراق بولغان زېمىننىڭ چېتىگىچە بولىدۇ.

11سىلەر بىلەن قۇربانلىقنىڭ قېنى ئارقىلىق تۈزگەن ئەھدەم بولغانلىقى ئۈچۈن،

سۈرگۈندىكى خەلقىڭلارنى سۇسىز ئازگالدىن ئازاد قىلىمەن.

12ئەي ئۈمىدۋار تۇتقۇنلار، ئۆز قورغىنىڭلارغا قايتىڭلار!

بۈگۈن شۇنداق جاكارلايمەنكى،

يوقاتقىنىڭلارنى ھەسسىلەپ قايتۇرۇپ بېرىمەن.

13مەن يەھۇدىيەنى يادەك ئېگىمەن،

ئىسرائىلىيەنى ئوق كەبى بەتلەيمەن.

ئەي سىئون خەلقى، مەن ئوغۇللىرىڭلارنى ئويغىتىپ،

يۇنان خەلقىگە قارشى ھۇجۇم قىلدۇرىمەن.

مەن سىلەرنى جەڭچىلەرنىڭ قىلىچىدەك ئىشلىتىمەن.»

14پەرۋەردىگار ئۇلارغا ئۆزىنى نامايان قىلىدۇ،

پەرۋەردىگارنىڭ ئوقلىرى خۇددى چاقماقتەك ئۇچىدۇ.

ئىگىمىز پەرۋەردىگار بۇرغا چېلىپ،

جەنۇبتىن چىققان بورانلار ئارىسىدا كېلىدۇ.

15قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى قوغدايدۇ.

ئۇلار سالغا بىلەن تاش ئېتىپ،

دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غالىب كېلىدۇ.

ئۇلار جەڭدە مەستلەردەك چۇقان سالىدۇ،

قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بۇرجەكلىرى قانغا مىلەنگەندەك،

ئۇلار دۈشمەنلىرىنىڭ قېنىغا مىلىنىدۇ.

16ئۇ كۈنى پەرۋەردىگارىمىز خۇدا ئۆز خەلقىنى

خۇددى پادىچى ئۆز پادىلىرىنى قۇتقۇزغاندەك قۇتقۇزىدۇ.

ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ زېمىنىدا خۇددى پادىشاھنىڭ تاجىدىكى ياقۇتلاردەك چاقنايدۇ.

17ئۇلار نەقەدەر قالتىس، نەقەدەر گۈزەل-ھە!

ئاشلىق ۋە شارابلار يىگىت-قىزلارغا قۇۋۋەت بېغىشلايدۇ.

 

10

پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خەلقىنى قايتىدىن يىغىشى

1باھار پەسلىدە پەرۋەردىگاردىن يامغۇر تىلەڭلار،

قارا بۇلۇت، چاقماقنى ياراتقان پەرۋەردىگاردۇر.

ئۇ ئىنسانلار ئۈچۈن يامغۇر ياغدۇرۇپ،

ئېتىزلارنى كۆكەرتىدۇ.

2بۇتلاردىن مەسلىھەت سوراش بىھۇدىدۇر.

پالچىلارنىڭ سالغان پاللىرى يالغاندۇر.

ئۇلارنىڭ چۈشلەرگە تەبىر بېرىشلىرى تۇتۇرۇقسىزدۇر.

ئۇلار قۇرۇق تەسەللى بېرىشىدۇ.

شۇڭا خەلق ئازغان قويلاردەك يۈرۈشىدۇ،

پادىچىسىز قېلىپ ئازاب ئىچىدە قىينىلىدۇ.

3پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«خەلقىمنىڭ سەركىلىرىگە غەزەپلىنىمەن.

مەن بۇ يېتەكچىلەرنى جازالايمەن.

مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار پادىلىرىمغا،

يەنى يەھۇدىيە خەلقىگە كۆڭۈل بۆلىمەن.

مەن ئۇلارنى كۈچلۈك جەڭ ئاتلىرىغا ئايلاندۇرىمەن.

4يەھۇدىيە خەلقىدىن خۇددى ئۇل تېشىدەك،

چېدىر قوزۇقىدەك،

جەڭ ئوقياسىدەك يېتەكچىلەر چىقىدۇ.

5ئۇلار جەڭ مەيدانىدىكى باتۇرلاردۇر.

ئۇلار كوچىدىكى لاينى چەيلىگەندەك دۈشمەنلىرىنى چەيلەيدۇ.

ئۇلار جەڭ قىلىدۇ، چۈنكى مەن پەرۋەردىگار ئۇلارغا ياردۇرمەن.

ئۇلار دۈشمەن چەۋەندازلىرىنى نومۇسقا قويىدۇ.

6مەن يەھۇدىيە خەلقىنى كۈچلۈك قىلىمەن،

ئىسرائىلىيە خەلقىنى قۇتقۇزىمەن،

ئۇلارنى ئۆز يۇرتلىرىغا قايتۇرۇپ ئەكېلىمەن.

مەن ئۇلارغا رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىمەن.

ئۇلار ئۆزلىرىنى ھېچقاچان رەت قىلىنمىغاندەك ھېس قىلىشىدۇ.

مەن ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى خۇدادۇرمەن،

ئۇلارنىڭ ئىلتىجالىرىغا قۇلاق سالىمەن.

7ئىسرائىلىيە خەلقى خۇددى جەڭ مەيدانىدىكى باتۇرلاردەك بولىدۇ.

ئۇلار شارابتىن ھۇزۇرلانغاندەك خۇشاللىققا چۆمىدۇ.

بۇلارنى كۆرۈپ، پەرزەنتلىرىمۇ خۇشال بولۇشىدۇ

ۋە مەن پەرۋەردىگاردىن شادلىنىدۇ.

8مەن ئىسقىرتىپ، ئۇلارنى يىغىمەن.

ئۇلارنى چوقۇم قۇتقۇزىمەن.

ئۇلارنىڭ سانى بۇرۇنقىدەك كۆپ بولىدۇ.

9گەرچە مەن ئۇلارنى يات ئەللەرگە چېچىۋەتكەن بولساممۇ،

ئۇلار ئاشۇ يىراق جايلاردا مېنى ئەسكە ئالىدۇ.

ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ھايات قېلىپ، ئىسرائىلىيەگە قايتىپ كېلىدۇ.

10مەن ئۇلارنى مىسىردىن قايتۇرۇپ كېلىمەن،

ئاسسۇردىن يىغىپ ئەكېلىمەن.

مەن ئۇلارنى گىلئاد ھەم لىۋان زېمىنلىرىغىچە ئورۇنلاشتۇرىمەن،

ھەتتا بۇ جايلارمۇ ئۇلارغا تارلىق قىلىدۇ.

11خەلقىم كۈلپەت دېڭىزىدىن ئۆتكەندە،

دولقۇنلار پەسلەيدۇ.

نىل دەرياسىنىڭ چوڭقۇر سۇلىرى قۇرۇيدۇ.

ئاسسۇرلارنىڭ ھەيۋىسى سۇنىدۇ.

مىسىرلىقلارنىڭ سەلتەنەت ھاسىسى يوقىلىدۇ.

12مەن پەرۋەردىگار خەلقىمنى كۈچلۈك قىلىمەن،

ئۇلار مېنىڭ يولۇمدا ماڭىدۇ.

بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»

 

11

زوراۋان پادىشاھلارنىڭ زاۋال تېپىشى

1ئەي لىۋانلىقلار، قوۋۇقلىرىڭلارنى ئېچىڭلار!

يالقۇنلۇق ئوت كېدىر دەرەخلىرىڭلارنى يالماپ يۇتسۇن.

2ئەي قارىغايلار، يىغلاڭلار،

چۈنكى كېدىر دەرەخلىرى ئۆرۈلدى.

ھەيۋەتلىك دەرەخلەر ۋەيران بولدى.

ئەي باشاننىڭ دۇپ دەرەخلىرى، ھازا تۇتۇپ يىغلاڭلار،

چۈنكى قويۇق ئورمانلىقلار كېسىلدى.

3پادىچىلارنىڭ يىغا-زارلىرىغا قۇلاق سېلىڭلار،

چۈنكى ئۇلارنىڭ مۇنبەت يايلاقلىرى نابۇت قىلىندى.

شىرلارنىڭ ھۆركىرەشلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار،

چۈنكى ئىئوردان دەرياسى بويىدىكى چاتقاللار نابۇت قىلىندى.

ئىككى خىل پادىچى

4پەرۋەردىگارىم خۇدا ماڭا مۇنداق دېدى:
_ سەن بېرىپ بوغۇزلىنىشقا ئېلىپ كېتىۋېتىلگەن قويلارغا پادىچى بولغىن!
5قوي سېتىۋالغۇچىلار قويلارنى بوغۇزلايدۇ، لېكىن جازالانمايدۇ. قوي ساتقۇچىلار: «خۇداغا شۈكۈر، مەن باي بولدۇم!» دەيدۇ. ھەتتا پادىچىلارنىڭمۇ قويلارغا رەھىمى كەلمەيدۇ.6مەن پەرۋەردىگار دەيمەنكى، بۇ زېمىندىكى كىشىلەرگە ئەمدى رەھىم قىلمايمەن. مەن ئۇلارنى بىر-بىرىنىڭ ھەم پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. ئۇلار بۇ زېمىننى ۋەيران قىلىدۇ، مەن ھېچكىمنى قۇتقۇزمايمەن.
7شۇنىڭ بىلەن مەن زىكىرىيا بوغۇزلانماقچى بولغان قويلارغا پادىچى بولدۇم. مەن قولۇمغا ئىككى تاياق ئالدىم. ئۇلارنىڭ بىرىنى «شاپائەت» تايىقى، يەنە بىرىنى «ئىناقلىق» تايىقى دەپ ئاتىدىم ۋە پادىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدىم.8بىر ئاي ئىچىدە مەن ئۈچ پادىچىنى ھەيدىۋەتتىم. قويلارغا سەۋر-تاقىتىم قالمىدى. قويلارمۇ مەندىن بىزار بولدى.
9مەن ئۇلارغا مۇنداق دېدىم:
_ سىلەرنىڭ پادىچىڭلار بولۇشنى خالىمايمەن. ئۆلىدىغانلىرى ئۆلىۋەرسۇن، ھالاك بولىدىغانلىرى ھالاك بولىۋەرسۇن، ساق قالغانلىرى بىر-بىرىنىڭ گۆشلىرىنى يىيىشسۇن.

10مەن «شاپائەت» دەپ ئاتالغان تاياقنى قولۇمغا ئېلىپ سۇندۇرۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھەممە ئەللەر بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىدىم.11شۇ كۈنى ئەھدە بىكار بولدى. مېنى كۆزىتىپ تۇرغان زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلار بۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئىكەنلىكىنى چۈشەندى.12ئاندىن مەن ئۇلارغا:
_ ئەگەر سىلەر ماڭا ئىش ھەققى بېرىشنى لايىق كۆرسەڭلار، بېرىڭلار، بەرمىسەڭلارمۇ ئىختىيارىڭلار، _ دېدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ماڭا ئوتتۇز كۈمۈش تەڭگە بەردى.

13ئاندىن پەرۋەردىگار ماڭا:
_ ئۇنى كۇلالچىغا تاشلاپ بەر! بۇ ئۇلارنىڭ ماڭا لايىق كۆرگەن ئەڭ ياخشى باھاسىكەن! _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ ئوتتۇز تەڭگىنى ئېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى كۇلالچىغا تاشلاپ بەردىم.
14ئاندىن مەن «ئىناقلىق» دەپ ئاتالغان ئىككىنچى تاياقنى قولۇمغا ئېلىپ، سۇندۇرۇۋەتتىم. شۇنداق قىلىپ يەھۇدىيە بىلەن ئىسرائىلىيە ئارىسىدىكى ئىناقلىقنى بۇزۇپ تاشلىدىم.
15ئاندىن پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
_ سەن يەنە پادىچىنىڭ نەرسىلىرىنى قولۇڭغا ئېلىپ، پادىچى بولغىن. ئەمما بۇ قېتىم نادان پادىچى بولغىن.
16چۈنكى مەن بۇ زېمىندا ھالاك بولغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمايدىغان، ئازغانلارنى ئىزدىمەيدىغان، يارىلانغانلارنى ساقايتمايدىغان، ساقلارنى ئوتلاتمايدىغان پادىچىدىن بىرنى تەيىنلەيمەن. ئۇ سېمىز قويلارنى سويۇپ يەيدۇ، ھەتتا ئۇلارنىڭ تۇياقلىرىنىمۇ يۇلۇپ تاشلايدۇ.
17پادىلىرىنى تاشلىۋەتكەن ناچار پادىچىمنىڭ ھالىغا ۋاي!

قىلىچ ئۇنىڭ بىلىكىنى چاپسۇن،

ئوڭ كۆزىنى ئويسۇن!

قولى قۇرۇسۇن،

ئوڭ كۆزى كور بولسۇن!

 

12

يېرۇسالېمنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى

1بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلىيە توغرىسىدىكى ۋەھىيسىدۇر. ئاسماننى يېيىپ، زېمىننىڭ ئۇلىنى قويغان، ئىنسانغا روھ ئاتا قىلغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:
2«مەن يېرۇسالېمنى ئەتراپىدىكى ئەللەرنى مەست قىلىپ قويىدىغان بىر قەدەھ شاراب قىلىپ قويىمەن. ئۇلار يېرۇسالېمنى قورشىۋالغاندا، يەھۇدىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرىمۇ قورشاۋغا ئېلىنىدۇ.3ئۇ كۈن كەلگەندە، مەن يېرۇسالېمنى مىدىرلاتقىلى بولمايدىغان تاش قىلىمەن. ئۇنىڭغا قارشى بىرلىشىپ ھۇجۇم قىلغان بارلىق ئەللەر ئۇنى يۆتكىمەكچى بولسا، ئۆزلىرىنى يارىلاندۇرىدۇ.4مەن پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيمەنكى، ئۇ كۈن كەلگەندە، بارلىق ئاتلارنى ئۈركۈتىمەن ۋە ئات ئۈستىدىكى چەۋەندازلارنى ئەقلىدىن ئازدۇرىمەن. مەن يەھۇدىيەگە ھامىيلىق قىلىمەن، ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ ئاتلىرىنى كور قىلىمەن.5يەھۇدىيەنىڭ يېتەكچىلىرى ئۆزلىرىگە شۇنداق دېيىشىدۇ: ‹يېرۇسالېم ئاھالىلىرى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگاردىن كۈچ-قۇۋۋەتكە ئېرىشىدۇ›.
6ئۇ كۈن كەلگەندە، مەن يەھۇدىيەنىڭ يېتەكچىلىرىنى ئوتۇن ئارىسىدىكى چوغ، سامان ئارىسىدا يېنىپ تۇرغان مەشئەل قىلىمەن. ئۇلار ھەر تەرەپتىن قورشاۋغا ئالغان بارلىق ئەللەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ. يېرۇسالېم خەلقى ئۆز جايىدا، يەنى يېرۇسالېمدا ئامان-ئېسەن ياشايدۇ.7مەن پەرۋەردىگار ئالدى بىلەن يېرۇسالېمنىڭ سىرتىدىكى يەھۇدىيە خەلقىگە غەلىبە ئاتا قىلىمەن. شۇنداق بولغاندا، داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە يېرۇسالېم خەلقىنىڭ ئېرىشكەن شان-شەرەپلىرى باشقا يەھۇدىيە خەلقىنىڭ شان-شەرەپلىرىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.8ئۇ كۈن كەلگەندە، مەن پەرۋەردىگار يېرۇسالېم خەلقىنى قوغدايمەن. ھەتتا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ ئاجىزلىرىمۇ پادىشاھ داۋۇتتەك كۈچلۈك بولىدۇ. داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى خەلقنىڭ ئالدىدا خۇددى ماڭا ۋە مېنىڭ پەرىشتەمگە ئوخشاش يول باشلايدۇ.9ئۇ كۈن كەلگەندە، مەن يېرۇسالېمغا قارشى چىققان بارلىق ئەللەرنى يوقىتىش ئۈچۈن ئاتلىنىمەن.

نەيزە تىقىلغۇچى ئۈچۈن تۇتۇلغان ھازا

10مەن داۋۇت ئەۋلادلىرى ۋە يېرۇسالېم خەلقىنى مېھىر-شەپقەت روھىغا ۋە دۇئا ئىستىكىگە چۆمدۈرىمەن. ئۇلار ماڭا، يەنى ئۆزلىرى نەيزە تىققۇچىغا قارايدۇ. ئۇلار خۇددى يالغۇز پەرزەنتىگە ماتەم تۇتقاندەك ماتەم تۇتىدۇ ۋە تۇنجى پەرزەنتىنىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن ھازا ئاچقاندەك، قاتتىق يىغلىشىدۇ.11ئۇ كۈن كەلگەندە، يېرۇسالېمدا كۆتۈرۈلگەن داد-پەرياد خۇددى مىگىددو تۈزلەڭلىكىدىكى ھاداد-رىممون دېگەن جايدا كۆتۈرۈلگەن داد-پەريادقا ئوخشاش كۈچلۈك بولىدۇ.12پۈتۈن ئىسرائىل زېمىنى ھازا تۇتىدۇ. ھەر بىر جەمەت ئايرىم-ئايرىم ھالدا ھازا تۇتىدۇ. شۇنداقلا ئەر ۋە ئاياللارمۇ ئايرىلىپ ھازا تۇتىدۇ. داۋۇتنىڭ جەمەتى، ناتاننىڭ جەمەتى،13لاۋىي قەبىلىسى، شىمئى جەمەتىمۇ شۇنداق قىلىدۇ.14باشقا جەمەتلەرمۇ ئەر-ئاياللار ئايرىلىپ تۇرۇپ ھازا تۇتىشىدۇ.

 

13

1ئۇ كۈن كەلگەندە، پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە يېرۇسالېم خەلقى ئۈچۈن بىر بۇلاق ئېتىلىپ چىقىدۇ. بۇ بۇلاق ئۇلارنىڭ بارچە گۇناھلىرى ۋە ناپاكلىقىنى يۇيىدۇ.»

بۇتلار ۋە ساختا پەيغەمبەرلەرنىڭ يوقىتىلىشى

2قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:
«ئۇ كۈن كەلگەندە، مەن بۇ زېمىندىن بۇتلارنى يوقىتىمەن. ئۇلارنىڭ نامى ئۇنتۇلىدۇ. مەن يەنە ساختا پەيغەمبەرلەرنى ۋە خەلقنىڭ ناپاكلىققا ئىنتىلىش روھىنى بۇ زېمىندىن يوقىتىمەن.
3ئەگەر بىر ساختا پەيغەمبەر يەنە يالغاندىن ۋەھىي يەتكۈزسە، ئۇنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا: ‹سەن ئەمدى ئۆلىسەن، چۈنكى سەن پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا يالغان ۋەھىي يەتكۈزدۈڭ!› دەيدۇ ۋە ۋەھىي يەتكۈزۈۋاتقان ئۆز ئوغلىنى نەيزە سانجىپ ئۆلتۈرىدۇ.4ئۇ كۈن كەلگەندە، ساختا پەيغەمبەرلەر ۋەھىي يەتكۈزۈشتىن نومۇس قىلىدىغان بولىدۇ. ئۇلار خەلقنى ئالداش ئۈچۈن كىيىۋالىدىغان يۇڭدىن توقۇلغان پەيغەمبەرلىك تونلىرىنى كىيمەيدىغان بولىدۇ.5ئۇلار: ‹مەن پەيغەمبەر ئەمەس، پەقەت دېھقانمەن، ياش ۋاقتىمدىن تارتىپلا دېھقانچىلىق قىلىپ كەلدىم› دەيدۇ.6ئەگەر بىرى: ‹ئۇنداقتا مەيدەڭدىكى يارا ئىزلىرى*نەدىن كەلدى؟› دەپ سورىسا، ئۇ: ‹مەن دوستۇمنىڭ ئۆيىدە يارىلانغانىدىم› دەپ جاۋاب بېرىدۇ.»

پادىچى ۋە قويلارنىڭ تەقدىرى

7قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«غىلاپتىن چىق ئەي قىلىچ، پادىچىمغا قارشى ئاتلان!

ماڭا يېقىن تۇرغۇچىغا قارشى چىق!

پادىچىنى ئۇر، قويلىرى پاتىپاراق بولسۇن.

مەن قوزىلارغا قارشى قولۇمنى كۆتۈرىمەن.

8مەن پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى،

بۇ زېمىندىكى ئادەملەرنىڭ ئۈچتىن ئىككىسى يوقىلىدۇ،

پەقەت ئۈچتىن بىرى تىرىك قالىدۇ.

9مەن ئۇلارنى ئوتتا سىنايمەن.

ئۇلارنى تاۋلانغان كۈمۈشتەك پاك قىلىمەن.

ئۇلارنى ئالتۇننى تاۋلىغاندەك تاۋلايمەن.

ئۇلار مېنىڭ نامىمنى چاقىرىدۇ.

مەن ئۇلارغا جاۋاب بېرىمەن.

مەن: ‹بۇلار مېنىڭ خەلقىمدۇر› دەيمەن،

ئۇلار: ‹پەرۋەردىگار بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر› دېيىشىدۇ.»


*13: 6بۇتپەرەسلەرنىڭ پەيغەمبەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىلاھلىرىدىن تىلەك تىلىگەندە، بەدەنلىرىنى پىچاق بىلەن تىلىشاتتى.


 

14

ئاخىر زاماندىكى پەرۋەردىگارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى

1ئەي يېرۇسالېملىقلار، قاراڭلار! پەرۋەردىگارنىڭ جازا كۈنى يېقىنلاشماقتا! دۈشمىنىڭلار مال-مۈلكۈڭلارنى كۆز ئالدىڭلاردا تالان-تاراج قىلىپ، بۆلۈشىدۇ.2پەرۋەردىگار بارلىق ئەللەرنى يىغىپ، يېرۇسالېمغا قارشى ئۇرۇشقا ئاتلاندۇرىدۇ. شەھەر قولدىن كېتىپ، ئۆيلەر بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىدۇ، قىز-ئاياللار دەپسەندە قىلىنىدۇ. شەھەر ئاھالىسىنىڭ يېرىمى سۈرگۈن قىلىنىپ، يېرىمى قالدۇرۇلىدۇ.3ئاندىن پەرۋەردىگار بۇرۇنقى ۋاقىتلاردىكىدەك كېلىپ، يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلغان ئەللەر بىلەن ئۇرۇش قىلىدۇ.4شۇ كۈنى پەرۋەردىگار يېرۇسالېمنىڭ شەرقىدىكى زەيتۇن تېغىغا قەدەم باسىدۇ. زەيتۇن تېغى ئىككىگە بۆلۈنۈپ، يېرىمى شىمالغا، يېرىمى جەنۇبقا يۆتكىلىدۇ. ئوتتۇرىسىدا شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان كەڭ بىر جىلغا پەيدا بولىدۇ.5سىلەر ئازال دېگەن جايغىچە سوزۇلغان بۇ جىلغىدىن قېچىپ ئۆتىسىلەر. سىلەر خۇددى يەھۇدىيە پادىشاھى ئۇززىيا دەۋرىدە خەلق يەر تەۋرەشتىن قاچقاندەك قاچىسىلەر. ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارىم خۇدا بارلىق پەرىشتىلىرى بىلەن بىرگە كېلىدۇ.6ئۇ كۈن كەلگەندە، يورۇقلۇق ھەم سوغۇق بولمايدۇ، شۇنداقلا قىروۋمۇ چۈشمەيدۇ.7ئۇ كۈن ئالاھىدە بىر كۈن بولۇپ، ئۇ كۈننى پەقەت پەرۋەردىگارلا بىلىدۇ. ئۇ كۈندە كۈندۈز بىلەن كېچىنىڭ پەرقى بولمايدۇ. كەچ ۋاقتى بولغاندىمۇ يورۇق بولىدۇ.
8ئۇ كۈن كەلگەندە، ھاياتلىق سۈيى يېرۇسالېمدىن ئېقىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ يېرىمى ئۆلۈك دېڭىزغا، قالغان يېرىمى ئوتتۇرا دېڭىزغا قاراپ ئاقىدۇ، بۇ سۇ ياز ۋە قىش پەسلى مۇشۇنداق ئېقىپ تۇرىدۇ.
9پەرۋەردىگار پۈتۈن يەر يۈزىنىڭ پادىشاھى بولىدۇ. ئۇ كۈن كەلگەندە، ھەممە ئادەم ئۇنىڭ يېگانە پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى ۋە نامىنىڭمۇ يېگانە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشىدۇ.
10يەھۇدىيەنىڭ شىمالىدىكى گەبادىن تارتىپ، يېرۇسالېمنىڭ جەنۇبىدىكى رىممونغىچە بولغان بارلىق زېمىن تۈزلەڭلىككە ئايلىنىدۇ. لېكىن يېرۇسالېم يەنىلا ئۆز جايىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. شەھەر «بىنيامىن» دەرۋازىسىدىن كونا دەرۋازىنىڭ ئورنىغا سېلىنغان «بۇلۇڭ» دەرۋازىسىغىچە، ھەم خانانئېل مۇنارىدىن پادىشاھنىڭ ئۈزۈم ئېزىش كۆلچەكلىرىگىچە كېڭىيىدۇ.11ئادەملەر ئۇ يەردە ياشايدۇ. بۇ شەھەر ھېچقاچان قايتىدىن ۋەيران قىلىنمايدۇ. يېرۇسالېم بىخەتەر جاي بولىدۇ.
12پەرۋەردىگار يېرۇسالېمغا قارشى چىققان بارلىق ئەللەرگە ۋابا بىلەن ھۇجۇم قىلىدۇ. ئۇلار تىرىك مۇردىلارغا ئايلىنىپ، تەنلىرى چىرىپ كېتىدۇ. كۆزلىرى كۆز چانىقىدا، تىللىرى ئېغىزلىرىدا چىرىيدۇ.
13ئۇ كۈن كەلگەندە، پەرۋەردىگار ئۇ ئەللەرنى ئالاقزادە قىلىدۇ. ھەممە ئادەم ياقا سىقىشىپ، بىر-بىرىگە قارشى قول كۆتۈرۈشىدۇ.14ھەتتا يەھۇدىيە خەلقىمۇ يېرۇسالېمدا جەڭگە ئاتلىنىدۇ. ئەتراپىدىكى ئەللەرنىڭ بايلىقلىرى، يەنى ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ئالتۇن-كۈمۈش ۋە كىيىم-كېچەكلىرى ئولجا ئېلىنىدۇ.15دۈشمەن قوشۇنلىرىدىكى ئات، قېچىر، تۆگە، ئېشەك ۋە بارگاھلىرىدىكى بارلىق ھايۋانلارغىمۇ ئوخشاشلا ۋابا تېگىدۇ.
16كېيىن يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلغان بارلىق ئەللەردىن ھايات قالغانلىرى ھەر يىلى يېرۇسالېمغا كېلىپ، ئالەمنىڭ پادىشاھى، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلىدۇ ۋە كەپە تىكىش ھېيتىنى ئۆتكۈزىدۇ.17ئەگەر يەر يۈزىدىكى خەلقلەرنىڭ بىرەرسى يېرۇسالېمغا كېلىپ، ئالەمنىڭ پادىشاھى، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلمىسا، ئۇلارنىڭ يۇرتىغا يامغۇر ياغمايدۇ.18ئەگەر مىسىرلىقلار بېرىشنى رەت قىلسا، ئۇلارنىڭ زېمىنىغىمۇ يامغۇر ياغمايدۇ. كەپە تىكىش ھېيتىغا بېرىشنى رەت قىلغان باشقا ئەللەرگە تەگكەن ۋابا بىلەن ئۇلارغىمۇ زەربە بېرىلىدۇ.19مانا بۇ كەپە تىكىش ھېيتىنى تەبرىكلەشكە بارمىغان مىسىرلىقلار ۋە باشقا ئەللەرگە بېرىلىدىغان جازادۇر.
20ئۇ كۈن كەلگەندە، ئاتلارنىڭ يۈگەنلىرىدىكى قوڭغۇراقلارغا «پەرۋەردىگارغا ئاتالدى» دېگەن خەتلەر ئويۇلىدۇ. پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ئادەتتىكى قازانلار قۇربانلىق سۇپىسىدا ئىشلىتىلىدىغان داسلارغا ئوخشاش مۇقەددەس بولىدۇ.21يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەدىكى ھەر بىر قازان قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا ئاتىلىپ، مۇقەددەس بولىدۇ. ئىبادەت قىلىشقا كەلگەنلەر قۇربانلىقلىرىنى پىشۇرۇش ئۈچۈن ھەرقانداق قاچىنى ئىشلەتسە بولىۋېرىدۇ. ئۇ كۈن كەلگەندە، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئەسلا سودا-سېتىق بولمايدۇ.