بىز كىم؟

  «مۇقەددەس كىتاب» دۇنيادا ھازىرغىچە ئەڭ كۆپ تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان كىتابتۇر. ھالبۇكى ئۇشبۇ كىتابنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تولۇق تەرجىمىسى تېخىچە ۋۇجۇدقا چىققىنى يوق. شۇ ۋەجىدىن «ئۇيغۇرچە مۇقەددەس كىتاب جەمئىيىتى» خۇدانىڭ ھاياتبەخش كالامىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان ۋە شۇ مەقسەتتە خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە. تەرجىمىنىڭ سۈپەتلىك چىقىشى ئۈچۈن، تەجرىبىلىك ۋە قابىلىيەتلىك نۇرغۇن تەرجىمانلار ئۇشبۇ خىزمەتكە ئىشتىراك قىلماقتا. ئارىمىزدا ئۇيغۇر يازغۇچىلار، تەھرىرلەر، تىلشۇناسلار ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدىن بولغان ئانا تىل خادىملىرى تەرجىمىگە ئۆز تۆھبىلىرىنى قوشۇپ كەلمەكتە. بۇ كىشىلەرنىڭ ئەمگەكلىرى مۇقەددەس كىتاب تەرجىمانلىرى ۋە قەدىمكى ئىبرانىي، ئارامىي ۋە گرېك تىللىرى مۇتەخەسىسىلىرىنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن بىرلىشىپ تەرجىمىنىڭ توغرا چىقىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

  مۇقەددەس كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم خىزمەت بۇنىڭدىن 25 يىل مۇقەددەم باشلانغان بولۇپ، بىز 2005-يىلى «ئىنجىل»، يەنى «يېڭى ئەھدە»نىڭ تاماملانغانلىقىنى تەبرىكلىدۇق. نۆۋەتتە «كونا ئەھدە»نىڭ تەرجىمىسىدە ئىشلەۋاتىمىز. مۇقەددەس كىتابنى تەرجىمە قىلىشىمىزدىكى مەقسەت: ئوقۇرمەنلەرنىڭ خۇدانىڭ كالامىنى ئىخلاس بىلەن ئوقۇشىدۇر. بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتلارغا ئېرىشىشنى خالىسىڭىز بىز بىلەن ئېلخەت ئارقىلىق ئالاقىلىشىڭ.


  ئۇيغۇرچە «مۇقەددەس كىتاب» جەمئىيىتى

  ئېلخەت ئادرېىسىمىز : [email protected]