«زىكىرىيا»

قىسقىچە چۈشەندۈرۈش

يەھۇدىيە خەلقى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 538-يىلى بابىلدىكى سۈرگۈندىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كېلىشكە باشلايدۇ. ئۇلار ئىبادەتخانىنى قايتىدىن قۇرۇش خىزمىتىنى باشلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلار سەۋەبىدىن قۇرۇلۇشنى توختىتىشقا مەجبۇر بولىدۇ. مۇشۇ پەيتتە، يەنى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 520-يىلى خۇدادىن زىكىرىيا پەيغەمبەرگە ۋەھىي كېلىشكە باشلايدۇ. ئۇ چاغدا زىرۇببابەل يەھۇدىيلارنىڭ يېتەكچىسى، يوشۇۋا بولسا باش روھانىيى ئىدى. زىكىرىيا پەيغەمبەر ۋە زاماندىشى ھاگاي پەيغەمبەر يەھۇدىيە خەلقىنى ھەرقانداق قىيىنچىلىقلارغا قارىماي ئىبادەتخانىنى قايتا قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.
مۇقەددەس كىتابنىڭ «زىكىرىيا» نامىدىكى بۇ قىسمى ئىككى بۆلەككە بۆلۈنگەندۇر. بىرىنچى بۆلىكى 1-بابتىن 8-بابقىچە بولۇپ، بۇ بۆلەكتە خۇدا زىكىرىياغا كۆرسەتكەن سەككىز غايىبانە ئالامەت ئارقىلىق يېرۇسالېمنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى، ئىبادەتخانىنىڭ قايتىدىن قۇرۇلۇشى ۋە خەلقنىڭ خۇدانىڭ يولىغا قايتىشى قاتارلىق ئەھۋاللاردىن ئۇچۇر بېرىدۇ. ئىككىنچى بۆلىكى 9-بابتىن 14-بابقىچە بولۇپ، بۇ بۆلەكتە ئاخىر زامان توغرىسىدىكى ئىشلاردىن بېشارەت بېرىلىپ، مەسىھ، يەنى بىر قۇتقۇزغۇچى ۋە ئەڭ ئاخىرقى جازا ھەمدە قۇتقۇزۇلۇش ھەققىدە سۆزلىنىدۇ.
«زىكىرىيا» دېگەن ئىسىمنىڭ مەنىسى «پەرۋەردىگار ئېسىگە ئالىدۇ» دېگەنلىكتۇر.

تېزىس

1. توۋا قىلىشقا چاقىرىش (1-باب 1-ئايەتتىن 6-ئايەتكىچە)
2. سەككىز غايىبانە ئالامەت (1-باب 7-ئايەتتىن 6-باب 8-ئايەتكىچە)
3. يوشۇۋاغا تاج كىيدۈرۈلۈش (6-باب 9-ئايەتتىن 15-ئايەتكىچە)
4. ئادىل ۋە مېھىر-شەپقەتلىك بولۇشقا چاقىرىش (7-باب)
5. يېرۇسالېمنى قايتا گۈللەندۈرۈش توغرىسىدىكى ۋەدە (8-باب)
6. قوشنا ئەللەرگە بېرىلگەن جازا (9-باب 1-ئايەتتىن 8-ئايەتكىچە)
7. مەسىھ ۋە ئاخىر زامان توغرىسىدىكى بېشارەتلەر (9-باب 9-ئايەتتىن 14-باب 21-ئايەتكىچە)