يۇنۇس


1

يۇنۇسنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن قېچىشى

1بىر كۈنى ئامىتاينىڭ ئوغلى يۇنۇسقا پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كەلدى. 2پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى:

_ سەن نىنەۋى دېگەن بۈيۈك شەھەرگە دەرھال بېرىپ، ئۇ شەھەردىكىلەرگە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن چىقارغان ھۆكۈمۈمنى جاكارلا، چۈنكى ئۇلارنىڭ قىلغان رەزىللىكلىرى ماڭا يېتىپ كەلدى!

3لېكىن يۇنۇس ئۆزىنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن قاچۇرۇش ئۈچۈن شۇئان قارشى يۆنىلىشكە ماڭدى. ئۇ جاففا شەھىرىگە بېرىپ، ئىسپانىيەگە بارىدىغان بىر كېمىنى تاپتى ۋە كېمىنىڭ يول ھەققىنى تۆلەپ، كېمىگە چىقىپ، كېمىچىلەر بىلەن بىللە ئىسپانىيەگە بارماقچى بولدى. ئۇ: «ئۇ يەرگە قېچىپ بارسام، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن يىراق بولىمەن» دەپ ئويلىدى.

4بىراق پەرۋەردىگار دېڭىزغا كۈچلۈك بوران ئەۋەتكەنىدى، دېڭىزدا دەھشەتلىك بوران-چاپقۇن چىقىپ، كېمىنى پارچىلىۋەتكىلى تاس قالدى. 5شۇنىڭ بىلەن كېمىچىلەر قاتتىق ۋەھىمىگە چۈشۈپ، ھەرقايسى ئۆز ئىلاھلىرىغا يالۋۇردى. كېمە يېنىكلىسۇن دەپ، ئۇلار كېمىدىكى ماللارنى دېڭىزغا تاشلاشتى. يۇنۇس ئۇ ۋاقىتتا كېمىنىڭ ئاستىنقى بۆلۈمىدە يېتىپ، قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكەنىدى. 6كېمە باشلىقى يۇنۇسنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا:

_ سەن نېمىشقا ئۇخلاپ ياتىسەن؟ تۇر، ئىلاھىڭغا يالۋۇر! بەلكىم ئۇنىڭ بىزگە نەزىرى چۈشەر، شۇنداق بولسا ھالاك بولمايمىز، _ دېدى.

7كېمىچىلەر:

_ بىزنىڭ مۇشۇ بالايىئاپەتكە دۇچار بولۇشىمىزغا كىم سەۋەبلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقايلى، _ دېيىشىپ چەك تارتىشقانىدى، چەك يۇنۇسقا چىقتى. 8ئۇلار ئۇنىڭدىن:

_ ئېيتقىنا، بۇ بالايىئاپەتنى كىم كەلتۈرۈپ چىقاردى؟ سەن نېمە قىلىدىغان ئادەمسەن، قەيەردىن كەلدىڭ، قايسى ئەل-مىللەتتىنسەن؟ _ دەپ سوراشتى. 9يۇنۇس ئۇلارغا:

_ مەن ئىبرانىيمەن، دېڭىز ۋە قۇرۇق تۇپراقلارنى ياراتقان ئەرشتىكى پەرۋەردىگارغا ئېتىقاد قىلىمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى

10يۇنۇس يەنە ئۇلارغا ئۆزىنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن قېچىپ يۈرگەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەنىدى، كېمىچىلەر ئۇنى ئاڭلاپ ئىنتايىن قورقۇشۇپ كەتتى ۋە:

_ بۇنداق قېچىپ يۈرگىنىڭ نېمىسى! _ دېدى. 11بوران-چاپقۇنلار ئەۋجىگە چىققانلىقتىن، ئۇلار ئۇنىڭدىن:

_ بىز ساڭا نېمە قىلساق دېڭىز دولقۇنى بىز ئۈچۈن پەسىيىدۇ؟ _ دەپ سوراشتى. 12يۇنۇس ئۇلارغا:

_ مەن شۇنى بىلىمەنكى، مېنىڭ سەۋەبىمدىن سىلەر مۇشۇ دەھشەتلىك بوران-چاپقۇنغا ئۇچرىدىڭلار. مېنى كۆتۈرۈپ دېڭىزغا تاشلاڭلار، دېڭىز دولقۇنى سىلەر ئۈچۈن پەسىيىدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى.

13كېمىچىلەر ئەكسىچە پالاقنى جېنىنىڭ بارىچە ئۇرۇپ، كېمىنى قىرغاققا ئېلىپ بارماقچى بولدى-يۇ، ئالغا ئىلگىرىلىيەلمىدى، چۈنكى بوران-چاپقۇنلار بارغانسېرى ئەۋجىگە چىققانىدى. 14شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پەرۋەردىگارغا:

_ ئى پەرۋەردىگار، سەندىن ئۆتۈنىمىزكى، بۇ ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىمىزدىن بىزنى ھالاك قىلمىغايسەن. بىگۇناھ ئادەمنىڭ قېنىنى تۆكۈش گۇناھىنى بىزنىڭ ئۈستىمىزگە يۈكلىمىگەيسەن. ئى پەرۋەردىگار، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىرادەڭ بويىچە قىلغانسەن، _ دەپ يالۋۇردى.

15ئاندىن كېيىن ئۇلار يۇنۇسنى كۆتۈرۈپ دولقۇنلاپ تۇرغان دېڭىزغا تاشلىغانىدى، بوران شۇئان بېسىلدى. 16كېمىچىلەر بۇ ۋەقەنى كۆرگەچكە پەرۋەردىگاردىن قاتتىق قورقۇشۇپ، ئۇنىڭغا قۇربانلىق قىلىشتى ۋە قەسەملەر بېرىشتى.

17پەرۋەردىگار يوغان بىر بېلىقنى يۇنۇسنى يۇتۇۋېلىشقا ئەۋەتكەنىدى. يۇنۇس بېلىقنىڭ قورسىقىدا ئۈچ كېچە-كۈندۈز قالدى. 


2

يۇنۇسنىڭ دۇئاسى

1يۇنۇس بېلىقنىڭ قورسىقىدا ئۆز خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا مۇنداق دۇئا قىلدى:

2نالە قىلدىم پەرۋەردىگارغا كۈلپەتتە قالغىنىمدا،

قۇلاق سالدى ئۇ ماڭا.

پەرياد چەكتىم چوڭقۇر يېرىدىن ئۆلۈكلەر دىيارىنىڭ،

قۇلاق سالدىڭ نالەمگە سەن مېنىڭ.

3سەن تاشلىدىڭ مېنى تېگىگە چوڭقۇر دېڭىزنىڭ،

قورشىۋالدى مېنى كۈچلۈك سۇلار،

بېسىپ ئۆتتى ئۈستۈمدىن دولقۇنلىرىڭ، ئۆركەشلىرىڭ.

4مۇنداق دېدىم شۇ پەيتتە:

تاشلىنىپ كەتتىم مەن سېنىڭ نەزىرىڭدىن،

كۆرىمەن يەنە مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭنى لېكىن.

5جېنىمنى ئالغۇدەك قورشىۋالدى مېنى سۇلار،

ئورىۋالدى ئۆركەشلەر،

چىرمىۋالدى بېشىمنى دېڭىزدىكى ئوت-چۆپلەر.

6چۆكۈپ كەتتىم دېڭىزدىكى تاغلارنىڭ ئۇللىرىغا،

چىقىش يوللىرى مەڭگۈگە ئېتىلگەن جايغا.

لېكىن ئى پەرۋەردىگار، خۇدايىم،

قۇتقۇزۇۋالدىڭ جېنىمنى ئۆلۈكلەر دىيارىدىن ئۆزۈڭ.

7چىقىپ كېتەي دېگەندە جېنىم،

ئى پەرۋەردىگار، سېنى ياد ئەتتىم.

يەتتى دۇئايىم ساڭا،

سېنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭغا.

8ئەرزىمەس بۇتلارغا چوقۇنىدىغانلار

پەرۋەردىگارنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى تەرك ئېتەر.

9لېكىن مەن بولسام سۇنارمەن ساڭا،

شۈكۈرلەر بىلەن قۇربانلىقلار.

ۋاپا قىلارمەن قىلغان قەسەملىرىمگە،

چۈنكى نىجاتلىق كېلەر پەرۋەردىگاردىنلا.

10شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ھېلىقى بېلىققا بۇيرۇق قىلغانىدى. بېلىق يۇنۇسنى قۇرۇقلۇققا قۇسۇپ چىقاردى. 


3

يۇنۇسنىڭ خۇداغا بويسۇنۇشى

1پەرۋەردىگاردىن يۇنۇسقا ئىككىنچى قېتىم ۋەھىي كەلدى. 2پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا:

_ سەن نىنەۋى دېگەن بۈيۈك شەھەرگە دەرھال بېرىپ، ئۇ شەھەردىكىلەرگە مەن ساڭا تاپشۇرىدىغان سۆزلەرنى جاكارلا، _ دېدى.

3يۇنۇس شۇئان پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە بىنائەن، نىنەۋىگە باردى. نىنەۋى ئالاھىدە چوڭ بىر شەھەر بولۇپ، ئۇنى ئارىلاپ چىقىشقا ئۈچ كۈن كېتەتتى. 4يۇنۇس شەھەرگە كىرىپ، بىر كۈنلۈك يولنى ماڭغاندىن كېيىن:

_ قىرىق كۈندىن كېيىن نىنەۋى شەھىرى خاراب قىلىنىدۇ! _ دەپ جاكارلىدى.

5بۇنىڭ بىلەن نىنەۋىلىكلەر خۇداغا ئىشىنىپ، روزا تۇتۇشنى قارار قىلدى. پۈتۈن شەھەر خەلقى مەرتىۋىسى يۇقىرى-تۆۋەن بولسۇن، ھەممىسى چىگە رەختكە يۆگىنىپ، توۋا قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. 6بۇ خەۋەر نىنەۋى پادىشاھىغا يەتكەندە، ئۇ تەختىدىن چۈشۈپ، تونىنى سېلىۋېتىپ، چىگە رەختكە يۆگىنىپ، كۈلدە مىلىنىپ ئولتۇردى.

7پادىشاھ ئۆزى ۋە ئەمەلدارلىرىنىڭ نامىدا نىنەۋىلىكلەرگە مۇنداق ئەمر چۈشۈردى: «مەيلى ئادەم مەيلى ھايۋان، مەيلى كالا مەيلى قوي بولسۇن، ھەممىسى ھېچنېمە تېتىمىسۇن، ئۇلار ھېچنېمە يېمىسۇن، سۇمۇ ئىچمىسۇن. 8پۈتكۈل ئادەم ۋە ھايۋانلار چىگە رەختكە يۆگەنسۇن. ھەربىر ئادەم خۇداغا قاتتىق يالۋۇرسۇن ھەمدە يامان يولىدىن يانسۇن، زوراۋانلىقتىن قول ئۈزسۇن. 9كىم بىلىدۇ، خۇدا شۇنىڭ بىلەن نىيىتىدىن، قەھر-غەزىپىدىن يېنىپ، بىزنى ھالاك قىلماي قويامدۇ تېخى!»

10خۇدا ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى يەنى يامان يوللىرىدىن يانغانلىقىنى كۆرگەندە، ئىلگىرى ئۆزى جاكارلىغان، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرمەكچى بولغان بالايىئاپەتلەرنى ئۇلارغا چۈشۈرمىدى. 


4

يۇنۇسنىڭ خۇدانىڭ كۆرسەتكەن مېھىر-شەپقىتىگە ئاچچىقلىنىشى

1يۇنۇس بۇ ئىشتىن تولىمۇ نارازى بولۇپ، ناھايىتى ئاچچىقلاندى. 2شۇڭا ئۇ پەرۋەردىگارغا مۇنداق دېدى:

_ ئى پەرۋەردىگار، ئۆز يۇرتۇمدا تۇرغىنىمدا سېنىڭ شۇنداق قىلىدىغانلىقىڭنى ئۆز-ئۆزۈمگە ئېيتمىغانمىدىم؟! مەن سېنىڭ ئىنتايىن مېھرىبان ۋە رەھىمدىل خۇدا ئىكەنلىكىڭنى بىلەتتىم. سەن ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيسەن، مېھىر-مۇھەببەتكە تولغانسەن. بالايىئاپەت كەلتۈرۈشتىن يېنىۋالىدىغانلىقىڭنى بىلەتتىم. شۇڭا ئىسپانىيەگە قاچمىغانمىدىم؟! 3ئەمدى، ئى پەرۋەردىگار، جېنىمنى ئالغىن! تىرىك ياشىغىنىمدىن ئۆلگىنىم ياخشى!

4پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا جاۋابەن:

_ ئاچچىقلىنىشىڭ توغرىمۇ؟ _ دېدى.

5شۇنىڭ بىلەن يۇنۇس شەھەرنىڭ سىرتىغا چىقىپ، شەھەرنىڭ شەرق تەرىپىدە ئولتۇردى. ئۇ بىر چەللە تىكىپ، ئۇنىڭ سايىسىدا ئولتۇرۇپ، نىنەۋى شەھىرىدە نېمە ۋەقە يۈز بېرىدىغانلىقىغا نەزەر سالدى. 6پەرۋەردىگار خۇدا يۇنۇسنى كۆڭۈل غەشلىكىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، بىر قاپاق پەلىكىنى ئۈندۈرۈپ، يۇنۇسنىڭ بېشىغا سايە بولسۇن دەپ، ئۇنىڭ ئۈستى تەرىپىگە يېيىلدۇردى. يۇنۇس بولسا قاپاق پەلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن خۇش بولدى. 7لېكىن ئەتىسى ئەتىگەندە خۇدا ئۆزى بىر قۇرتنى ئەۋەتتى. بۇ قۇرت كېلىپ، قاپاق پەلىكىنى يەپ، ئۇنى كېسىپ قۇرۇتۇۋەتتى. 8كۈن چىققاندا، خۇدا كۈن چىقىش تەرەپتىن ئىسسىق شامال چىقارغانىدى، قىزىق ئاپتاپ يۇنۇسنىڭ بېشىغا چۈشۈپ، ئۇنى ھالىدىن كەتكۈزدى. شۇڭا ئۇ ئۆلۈمنى تىلەپ: »تىرىك ياشىغىنىمدىن ئۆلگىنىم ياخشى!« دېدى.

9لېكىن خۇدا ئۇنىڭدىن:

_ سېنىڭ بۇ قاپاق پەلىكى ئۈچۈن ئاچچىقلىنىشىڭ توغرىمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

_ ھەئە، ئاچچىقىمدا ئۆلگۈدەك بولۇپ قالدىم! _ دەپ جاۋاب بەردى يۇنۇس.

10پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا:

_ سەن ئۆزۈڭ يا ئۆستۈرمەي، يا ئۇنىڭغا ئەمگەك سىڭدۈرمەي، بىر كېچىدە ئۆسۈپ، ئىككىنچى كېچىسى يوق بولۇپ كەتكەن بىر تۈپ قاپاق پەلىكىگە شۇنچە ئىچىڭ ئاغرىغان يەردە، 11مەن ئاق-قارىنى پەرقلەندۈرەلمەيدىغان بىر يۈز يىگىرمە مىڭ ئادىمى ۋە نۇرغۇن ھايۋانلىرى بار نىنەۋىدەك چوڭ شەھەرگە ئىچ ئاغرىتماي تۇرالامدىم؟! _ دېدى.