«يۇنۇس»

(قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)

يۇنۇس مىلادىيىدىن بۇرۇنقى سەككىزىنچى ئەسىردە ياشىغان خۇدانىڭ بىر پەيغەمبىرىدۇر. ئۇ چاغلاردا ئىسرائىلىيە ئىككى پادىشاھلىققا بۆلۈنۈپ، شىمالدىكىسى يەنىلا ئىسرائىلىيە، جەنۇبتىكىسى بولسا يەھۇدا دەپ ئاتالغاندى.

خۇدا دائىم ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدانىڭ پادىشاھلىرى ۋە خەلقلىرىگە ئۆز پەيغەمبەرلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۇلارنى خۇدانىڭ يولىدا مېڭىشقا يېتەكلىگەن، شۇنداقلا گۇناھ ئۆتكۈزمەسلىك ۋە ساختا ئىلاھلارغا چوقۇنماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرغان. خۇدا ھەممە خەلقلەرنى سۆيىدۇ، شۇڭا ئۇ بەزىدە باشقا ئەللەرگىمۇ ئۆز پەيغەمبەرلىرىنى ئەۋەتكەن.

مۇقەددەس كىتابنىڭ «يۇنۇس» دېگەن قىسمىدا يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ خۇدا تەرىپىدىن يات بىر ئەلگە ئەۋەتىلگەنلىكى ھەققىدە بايان قىلىنغان. خۇدا ئۇنىڭغا خۇدانىڭ خەلقىنىڭ دۈشمىنى دەپ قارالغان نىنەۋى دېگەن شەھەرگە بېرىشنى بۇيرۇغان.

«يۇنۇس» تا تەسۋىرلەنگەن ئاساسلىق مەزمۇن خۇدانىڭ يۇنۇس پەيغەمبەرگە تاپشۇرغان سۆزلىرى ئەمەس، بەلكى خۇدا يۇنۇس پەيغەمبەرنى نىنەۋى شەھىرىگە ئەۋەتكەندىن باشلاپ، يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كەچۈرمىشلىرىدۇر.

گەرچە پەيغەمبەرلەر ئالىي خىسلەتلىك كىشىلەردىن بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا ئاجىز ئىنسانلاردۇر. مەسىلەن يۇنۇس پەيغەمبەر نىنەۋى شەھىرىگە بېرىشنى خالىمىغان ھەم خۇدانىڭ ئۇ شەھەردىكىلەرنى جازالىشىنى ئارزۇ قىلغان. شۇڭا ئۇ خۇداغا بويسۇنمىغان ھالدا، نىنەۋى شەھىرىگە بارماي، ئەكسىچە قارشى يۆنىلىشكە يولغا چىققان. «يۇنۇس» تا خۇدانىڭ ئۆزىگە بويسۇنمىغان پەيغەمبەرگە قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقى تەسۋىرلىنىدۇ.

گەرچە نىنەۋىلىكلەر خۇدانىڭ خەلقى بولمىسىمۇ، خۇدا يەنىلا ئۇلارنى سۆيگەن. خۇدا يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ قەلبىنى نىنەۋىلىكلەرنى خۇددى خۇدا ئۆزى ئۇ خەلقنى سۆيگەندەك سۆيىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىشنى خالىغان.

تېزىس:

يۇنۇسنىڭ خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلىشى ۋە خۇدانىڭ ئەمرىگە بويسۇنماسلىقى (1-باب)

يۇنۇسنىڭ دۇئا قىلىشى ۋە نىجاتلىققا ئېرىشىشى (2-باب)

يۇنۇسنىڭ نىنەۋىلىكلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش بىلەن خۇداغا بويسۇنۇشى (3-باب)

يۇنۇسنىڭ خۇدانىڭ نىنەۋىلىكلەرگە كۆرسەتكەن مېھىر-شەپقىتىگە ئاچچىقلىنىشى (4-باب)