« يۇھاننا يازغان بىرىنچى خەت »




1

ئەيسا مەسىھ _ ھاياتلىق كالامىدۇر

1بىز بۇ خېتىمىزدە سىلەرگە ئەزەلدىن بار بولغان ھاياتلىق كالامى توغرىسىدا بايان قىلماقچىمىز. بىز بۇ ھاياتلىق كالامىنى ئۆز قۇلىقىمىز بىلەن ئاڭلىغان، ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرگەن ۋە كۆزەتكەن ھەمدە ئۇنى ئۆز قوللىرىمىز بىلەن تۇتقان. 2بۇ ھاياتلىق بىزگە ئايان بولدى. بىز ئۇنى كۆردۇق. شۇڭا، بۇ ھەقتە گۇۋاھلىق بېرىمىز ھەمدە ئەسلىدە ئەرشتىكى ئاتىمىز بىلەن بىللە بولۇپ، كېيىن بىزگە ئايان بولغان بۇ مەڭگۈلۈك ھاياتنى سىلەرگە بايان قىلىمىز. 3سىلەرنىڭمۇ بىز بىلەن قېرىنداش بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىمىزنى سىلەرگە يەتكۈزۈۋاتىمىز. بىز بۇنداق قېرىنداشلىقتىن بىللە بەھرىمەن بولالايمىز. چۈنكى، بىز ھەممىمىز بىرلىكتە ئاتىمىز ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھكە باغلاندۇق. 4ھەممىمىزنىڭ خۇشاللىقى تولۇپ تاشسۇن دەپ، بۇلارنى سىلەرگە يېزىۋاتىمىز.

خۇدانىڭ يورۇقلۇقىدا پاك ياشىشىمىز كېرەك

5بىز ئەيسا مەسىھتىن ئاڭلىغان ھەم سىلەرگە يەتكۈزمەكچى بولغان خەۋەر دەل شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، خۇدا يورۇقلۇقتۇر، ئۇنىڭدا ھېچقانداق قاراڭغۇلۇق بولمايدۇ. 6ئەگەر ئۆزىمىزنى خۇداغا يېقىن دەپ تۇرۇپ، يەنىلا گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، قاراڭغۇلۇقتا مېڭىۋەرسەك، يالغان ئېيتقان ۋە ھەقىقەتكە ئەمەل قىلمىغان بولىمىز. 7شۇڭا، خۇدا يورۇقلۇقتا بولغىنىدەك، بىزمۇ يورۇقلۇقتا بولساق، بىر-بىرىمىزگە يېقىن بولىمىز ھەم خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربانلىق قېنى بىزنى بارلىق گۇناھتىن پاك قىلىدۇ. 8گۇناھىمىز يوق دېسەك، ئۆز-ئۆزىمىزنى ئالدىغان بولىمىز ۋە ھەقىقەت قەلبىمىزدىن ئورۇن ئالمىغان بولىدۇ. 9گۇناھلىرىمىزنى ئىقرار قىلساق، ئىشەنچلىك ۋە ئادىل خۇدا گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرۈم قىلىپ، بىزنى بارلىق گۇناھلىرىمىزدىن پاك قىلىدۇ. 10گۇناھ قىلمىدۇق دېسەك، خۇدانى يالغانچى قىلىپ قويغان بولىمىز ۋە ئۇنىڭ سۆزى قەلبىمىزدىن ئورۇن ئالمىغان بولىدۇ. 




2

ئەيسا مەسىھ _ ئاقلىغۇچىمىزدۇر

1ئەزىز بالىلىرىم، مەن سىلەرنى گۇناھ سادىر قىلمىسۇن دەپ، بۇ سۆزلەرنى يازماقتىمەن. مۇبادا بىرىمىز گۇناھ سادىر قىلساق، ئاقلىغۇچىمىز بولغان ئادىل ئەيسا مەسىھ ئەرشتىكى ئاتىمىزنىڭ ئالدىدا بىزنى ئاقلايدۇ. 2ئەيسا مەسىھ گۇناھلىرىمىزنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن قىلىنغان قۇربانلىقتۇر. ئۇنىڭ ئۆز جېنىنى قۇربان قىلىشى پەقەت بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈندۇر.

3خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلساق، ئۇ چاغدا خۇدانى تونۇغانلىقىمىزنى بىلەلەيمىز. 4«خۇدانى تونۇيمەن» دەپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلمىغان كىشى يالغانچىدۇر، ئۇنىڭدا ھەقىقەت يوقتۇر. 5لېكىن، خۇدانىڭ سۆزىگە ئەمەل قىلساق، خۇداغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمىزنى ھەقىقەتەن مۇكەممەل ئىپادىلىگەن بولىمىز. ئۆزىمىزنىڭ خۇداغا باغلىنىپ ياشاۋاتقانلىقىمىزنى ئەنە شۇنىڭدىن بىلەلەيمىز. 6«خۇداغا باغلىنىپ ياشايمەن» دېگەن كىشى ئەيسا مەسىھكە ئوخشاش ياشىشى كېرەك.

قېرىنداشلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشىمىز كېرەك

7قەدىرلىك قېرىنداشلار، سىلەرگە بۇرۇن ئاڭلاپ باقمىغان يېڭى بىر ئەمرنى ئەمەس، بەلكى بۇرۇندىن تارتىپ سىلەر قوبۇل قىلىپ كېلىۋاتقان كونا ئەمرنى يازماقتىمەن. بۇ ئەمر خۇدانىڭ سىلەر بۇرۇندىنلا ئاڭلاپ كېلىۋاتقان سۆزىدۇر. 8لېكىن، بۇ ئەمرنى يېڭى ئەمر دېسەكمۇ بولىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكى ئەيسا مەسىھنىڭ ھاياتىدا ۋە سىلەرنىڭ ھاياتىڭلاردا نامايان بولدى. قاراڭغۇلۇق ئاخىرلاشماقتا، ھەقىقىي يورۇقلۇق بولسا ئۆز نۇرىنى چېچىشقا باشلىماقتا. 9كىمدەكىم ئۆزىنى «يورۇقلۇقتا ياشاۋاتىمەن» دەپ تۇرۇپ، قېرىندىشىغا ئۆچمەنلىك قىلسا، ئۇ يەنىلا قاراڭغۇلۇقتا تۇرۇۋاتقان بولىدۇ. 10قېرىندىشىغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەن كىشى يورۇقلۇقتا ياشايدۇ، ئۇنىڭدا گۇناھقا باشلايدىغان ھېچنېمە قالمايدۇ. 11لېكىن، قېرىندىشىغا ئۆچمەنلىك قىلغان كىشى قاراڭغۇلۇقتىدۇر. ئۇ قاراڭغۇلۇقتا ماڭىدۇ ۋە قەيەرگە كېتىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ، چۈنكى قاراڭغۇلۇق ئۇنىڭ كۆزلىرىنى كور قىلىۋەتكەن.

12ئەزىز بالىلىرىم، مەن بۇ خېتىمنى سىلەرگە يېزىۋاتىمەن،

چۈنكى گۇناھلىرىڭلار ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق كەچۈرۈم قىلىندى.

13ئاتىلار، بۇنى سىلەرگە يېزىۋاتىمەن،

چۈنكى سىلەر ئەزەلدىن بار بولغۇچىنى تونۇدۇڭلار.

يىگىتلەر، بۇنى سىلەرگە يېزىۋاتىمەن،

چۈنكى سىلەر شەيتان ئۈستىدىن غەلىبە قىلدىڭلار.

14ئەزىز بالىلىرىم، بۇنى سىلەرگە يېزىۋاتىمەن،

چۈنكى سىلەر ئەرشتىكى ئاتىمىزنى تونۇدۇڭلار.

ئاتىلار، بۇنى سىلەرگە يېزىۋاتىمەن،

چۈنكى سىلەر ئەزەلدىن بار بولغۇچىنى تونۇدۇڭلار.

يىگىتلەر، بۇنى سىلەرگە يېزىۋاتىمەن،

چۈنكى ئېتىقادىڭلار كۈچلۈك،

خۇدانىڭ سۆزى قەلبىڭلاردا ياشايدۇ،

شەيتان ئۈستىدىنمۇ غەلىبە قىلدىڭلار.

15بۇ دۇنيانى ۋە بۇ دۇنيادىكى ئىشلارنى سۆيمەڭلار. بۇ دۇنيانى سۆيسەڭلار، ئەرشتىكى ئاتىمىزنى سۆيمىگەن بولىسىلەر. 16چۈنكى، بۇ دۇنيادىكى ئىشلار، يەنى جىسمانىي ھەۋەس، ئاچكۆزلۈك ۋە مەغرۇرلۇققا ئوخشاشلارنىڭ ھەممىسى بۇ دۇنياغا مەنسۇپ بولۇپ، ئۇلار ھەرگىزمۇ ئەرشتىكى ئاتىمىزدىن كەلگەن ئەمەس. 17بۇ دۇنيا ۋە ئۇنىڭدىكى ھەۋەسلەرنىڭ ھەممىسى ئۆتۈپ كېتىدۇ. لېكىن، خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ئەمەل قىلغان كىشى مەڭگۈ ياشايدۇ.

ئەيسا مەسىھنىڭ رەقىبى

18ئەزىز بالىلىرىم، زامان ئاخىرى بولۇپ قالدى. سىلەر ئەيسا مەسىھنىڭ رەقىبىنىڭ ئاخىر زاماندا كېلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان. ئەمەلىيەتتە، ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا نۇرغۇنلىرى مەيدانغا چىقتى. بۇنىڭدىن زامان ئاخىرى بولۇپ قالغانلىقى بىزگە مەلۇم. 19ئۇلار ئارىمىزدىن چىقتى، لېكىن ئۇلار بىزنىڭ كىشىلىرىمىزدىن ئەمەس. چۈنكى، بىزنىڭ كىشىلىرىمىزدىن بولغان بولسا، بىزدىن ئايرىلمىغان بولاتتى. ئۇلارنىڭ ئايرىلىپ كېتىشى ھېچقايسىسىنىڭ راستتىنلا بىزنىڭ كىشىلىرىمىزدىن ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.

20سىلەر بولساڭلار ئەيسا مەسىھتىن مۇقەددەس روھنى قوبۇل قىلدىڭلار. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەممىڭلار ھەقىقەتنى بىلىسىلەر. 21سىلەرگە بۇ خەتنى يېزىشىمدىكى سەۋەب، سىلەرنىڭ ھەقىقەتنى بىلمىگەنلىكىڭلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ھەقىقەتنى بىلىپ، يالغانچىلىقنىڭ ھەقىقەتتىن كېلىپ چىقمايدىغانلىقىنى چۈشەنگەنلىكىڭلار ئۈچۈندۇر.

22ئەمىسە، كىم ئۇچىغا چىققان يالغانچى؟ ھەزرىتى ئەيسانى رەت قىلىپ، ئۇنى «مەسىھ، يەنى قۇتقۇزغۇچى ئەمەس» دەپ قارىغان ئادەم ئۇچىغا چىققان يالغانچىدۇر! ئەرشتىكى ئاتىمىزنى ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھنى رەت قىلغان كىشى ئەيسا مەسىھنىڭ رەقىبىدۇر. 23خۇدا ئۆز ئوغلىنى رەت قىلغانلارنىڭ ئاتىسى بولمايدۇ. ئەكسىچە، ئۇنى ئېتىراپ قىلغانلارنىڭ ئاتىسى بولىدۇ.

24بۇرۇندىن ئاڭلاپ كېلىۋاتقان تەلىمنى داۋاملىق قەلبىڭلاردا ساقلاڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، سىلەرمۇ داۋاملىق ئەرشتىكى ئاتىمىز ۋە ئۇنىڭ ئوغلىغا باغلىنىپ ياشاۋاتقان بولىسىلەر. 25ئەيسا مەسىھنىڭ بىزگە قىلغان ۋەدىسى بىزنى مەڭگۈ ھاياتلىققا ئېرىشتۈرۈشتۇر.

26سىلەرنى ئازدۇرماقچى بولغانلارنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇلارنى سىلەرگە يازدىم. 27سىلەرگە كەلسەك، ئەيسا مەسىھ سىلەرگە ئاتا قىلغان مۇقەددەس روھ قەلبىڭلاردا بولغاچقا، سىلەر باشقىلارنىڭ يېڭى تەلىمىگە موھتاج ئەمەسسىلەر. مۇقەددەس روھ سىلەرگە ھەممە ھەقىقەتنى ئۆگىتىدۇ. چۈنكى، ئۇ ھەقتۇر، يالغان ئەمەستۇر. شۇڭا، مۇشۇ ھەقىقەت بويىچە داۋاملىق ئەيسا مەسىھكە باغلىنىپ ياشاڭلار.

28دېمەك، ئەزىز بالىلىرىم، داۋاملىق ئەيسا مەسىھكە باغلىنىپ ياشاڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئۇ قايتىپ كەلگەندە يۈرىكىمىز توق تۇرىدۇ ھەم ئۇنىڭ ئالدىدا خىجالەتچىلىكتە قالمايمىز. 29خۇدانىڭ ئادىل ئىكەنلىكىنى بىلگەنىكەنسىلەر، ئادىللىققا ئەمەل قىلغۇچىلارنىڭ ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى ئىكەنلىكىنىمۇ بىلەلەيسىلەر. 




3

بىز خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى

1قاراڭلار، ئەرشتىكى ئاتىمىز بىزگە نەقەدەر مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەن-ھە! ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى شۇنچىلىك چوڭقۇركى، ئۇ بىزنى «پەرزەنتلىرىم» دەپ ئاتىدى. ھەقىقەتەنمۇ بىز خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىمىز. بىراق، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغانلار ئەرشتىكى ئاتىمىزنى تونۇمىغانلىقتىن، بىزنىڭ خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى ئىكەنلىكىمىزنىمۇ تونۇپ يېتەلمەيدۇ. 2قەدىرلىك قېرىنداشلار، بىز ھازىر خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىمىز، لېكىن كەلگۈسىدە قانداق بولىدىغانلىقىمىز تېخى بىزگە ئوچۇق ئايان قىلىنمىغان. بىراق، ئەيسا مەسىھ قايتىپ كەلگەندە، ئۇنىڭغا ئوخشاش بولىدىغانلىقىمىزنى بىلىمىز. چۈنكى، شۇ چاغدا ئۇ قانداق بولسا، بىز ئۇنى شۇ پېتى كۆرىمىز. 3ئەيسا مەسىھكە بۇ ئۈمىدنى باغلىغان ھەرقانداق كىشى ئۆزىنى پاك تۇتىدۇ. چۇنكى، ئەيسا مەسىھ پاكتۇر.

4گۇناھ سادىر قىلغان كىشى خۇدانىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ. چۈنكى، گۇناھ سادىر قىلغانلىق خۇدانىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقتۇر. 5ھالبۇكى، سىلەر ئەيسا مەسىھنىڭ ئىنسانلارنى گۇناھىدىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن دۇنياغا كەلگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر. 6شۇڭا، ئەيسا مەسىھكە باغلىنىپ ياشاۋاتقان كىشى گۇناھ سادىر قىلىۋەرمەيدۇ. گۇناھ سادىر قىلىۋېرىدىغان كىشى ئەيسا مەسىھنى چۈشەنمىگەن ۋە ئۇنى تونۇپ يەتمىگەن بولىدۇ.

7ئەزىز بالىلىرىم، كىشىلەر سىلەرنى ئالداپ كەتمىسۇن. ھەققانىيلىققا ئەمەل قىلغان كىشى ئەيسا مەسىھ ھەققانىي بولغىنىدەك ھەققانىيدۇر. 8لېكىن، گۇناھ سادىر قىلىۋېرىدىغان كىشى شەيتانغا مەنسۇپتۇر. چۈنكى، شەيتان ئەلمىساقتىن تارتىپ گۇناھ سادىر قىلىپ كەلمەكتە. خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ دۇنياغا كېلىشتىكى مەقسىتى شەيتاننىڭ قىلمىشلىرىنى يوقىتىشتۇر. 9خۇدانىڭ پەرزەنتى بولغان كىشى گۇناھ سادىر قىلىۋەرمەيدۇ. ئۇنىڭدا خۇدانىڭ تەبىئىتى مەۋجۇت بولغاچقا، گۇناھ سادىر قىلىۋېرەلمەيدۇ. 10ھەققانىي يول تۇتمايدىغان ياكى قېرىندىشىغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتمەيدىغان كىشى خۇدانىڭ پەرزەنتى ئەمەستۇر. خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى بىلەن شەيتاننىڭ پەرزەنتلىرى مانا مۇشۇنىڭ بىلەن پەرقلىنىدۇ.

بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەيلى

11بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەيلى! مانا بۇ، سىلەر بۇرۇندىن ئاڭلاپ كېلىۋاتقان تەلىم. 12شەيتانغا مەنسۇپ بولۇپ، ئىنىسىنى ئۆلتۈرگەن قابىلغا ئوخشاش بولماڭلار! قابىل نېمىشقا ئىنىسىغا ئۆچمەنلىك قىلىپ، ئۇنى ئۆلتۈردى؟ ئۇ ئۆزىنىڭ قىلغانلىرى ناھەق، ئىنىسىنىڭ قىلغانلىرى ھەق بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق قىلغان. 13شۇڭا، قېرىنداشلار، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغانلار سىلەرگە ئۆچمەنلىك قىلسا، بۇنىڭغا ھەيران قالماڭلار. 14بىز قېرىنداشلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەنلىكىمىزدىن، ئۆلۈمدىن مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئۆتكەنلىكىمىزنى بىلىمىز. مېھىر-مۇھەببەتلىك بولمىغان كىشى ئۆلۈمنىڭ ئىلكىدە قالىدۇ. 15قېرىندىشىغا ئۆچمەنلىك قىلغان كىشى خۇدانىڭ نەزىرىدە قاتىلدۇر. ھېچقانداق بىر قاتىلنىڭ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگە بولالمايدىغانلىقىنى بىلىسىلەر. 16بىز مېھىر-مۇھەببەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، ئەيسا مەسىھنىڭ بىز ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلغانلىقىدىن بىلەلەيمىز. شۇڭا، بىزمۇ قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ئۆز جېنىمىزنى پىدا قىلىشقا تەييار تۇرۇشىمىز كېرەك. 17ئەگەر مال-دۇنياسى بار بولغان كىشى قېرىندىشىنىڭ ئېھتىياجىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ياردەم قىلمىسا، بۇنداق كىشىدە نەدىمۇ خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى بولسۇن؟ 18ئەزىز بالىلىرىم، قۇرۇق سۆز بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەمەلىيەت ۋە ھەقىقەت بىلەن باشقىلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەيلى.

خۇدا ئالدىدا يۈرىكىمىز توق بولسۇن

19بىز قېرىنداشلىرىمىزغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەنلىكىمىزدىن ئۆزىمىزنىڭ ھەقىقەتكە مەنسۇپ ئىكەنلىكىمىزنى بىلەلەيمىز ۋە خۇدانىڭ ئالدىدا ئۆزىمىزنى خاتىرجەم قىلالايمىز. 20شۇنداقتىمۇ، بەزىدە ۋىجدانىمىز يەنىلا ئازابلانسا، شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، خۇدا ۋىجدانىمىزدىن ئۇلۇغ ۋە ھەممىنى بىلگۈچىدۇر. 21قەدىرلىك قېرىنداشلار، ئەگەر ۋىجدانىمىز ئازابلانمىسا، يۈرىكىمىز توق ھالدا خۇدانىڭ ئالدىغا بارالايمىز. 22شۇنداقلا، خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىپ، ئۇنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلغانلىقىمىزدىن، ئۇنىڭدىن تىلىگەنلىرىمىزگە ئېرىشەلەيمىز. 23خۇدانىڭ ئەمرى شۇكى، ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشىمىز ھەمدە ئەيسا مەسىھنىڭ بىزگە بۇيرۇغىنىدەك، بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشىمىزدىن ئىبارەتتۇر. 24خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلغان كىشى خۇداغا باغلىنىپ ياشىغان ۋە خۇدا ئۇنىڭ قەلبىدە ياشىغان بولىدۇ. خۇدانىڭ قەلبىمىزدە ياشايدىغانلىقىنى ئۇنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان مۇقەددەس روھىدىن بىلىمىز. 




4

ساختا پەيغەمبەرلەردىن ھەزەر ئەيلەڭلار

1قەدىرلىك قېرىنداشلار، «مۇقەددەس روھ ئارقىلىق ۋەھىي يەتكۈزدۇم» دەيدىغانلارنىڭ ھەممىسىگىلا ئىشەنمەڭلار. ئۇلارنىڭ روھىنىڭ خۇدادىن كەلگەن-كەلمىگەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلارنى سىناڭلار. چۈنكى، نۇرغۇن ساختا پەيغەمبەرلەر دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدا پەيدا بولدى. 2بىر كىشىدە خۇدانىڭ روھىنىڭ بار ياكى يوقلۇقىنى مۇنداق پەرقلەندۈرۈشكە بولىدۇ: ئەيسا مەسىھنىڭ دۇنياغا ئىنسان تېنىدە كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان كىشىدە خۇدانىڭ روھى بار بولىدۇ. 3بىراق، بۇنى ئېتىراپ قىلمىغان كىشىدە* خۇدانىڭ روھى يوق بولىدۇ. بۇنداقلاردا ئەيسا مەسىھنىڭ رەقىبىنىڭ روھى باردۇر. بۇ روھنىڭ كېلىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئاڭلىغانىدىڭلار. دەرۋەقە، ئۇ ھازىرمۇ دۇنيادا مەۋجۇتتۇر.

4ئەزىز بالىلىرىم، سىلەر بولساڭلار خۇداغا مەنسۇپ، سىلەر ساختا پەيغەمبەرلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلدىڭلار. چۈنكى، سىلەردىكى مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى بۇ دۇنيادىكى شەيتاننىڭ كۈچىدىن ئۇلۇغدۇر. 5ساختا پەيغەمبەرلەر بۇ دۇنياغا مەنسۇپ. شۇڭا، ئۇلار بۇ دۇنيانىڭ سۆزلىرىنى قىلىدۇ، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغانلارمۇ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلايدۇ. 6بىز بولساق خۇداغا مەنسۇپ. شۇڭا، خۇدانى تونۇغان كىشى بىزنىڭ سۆزلىرىمىزنى ئاڭلايدۇ. خۇداغا مەنسۇپ بولمىغان كىشى بولسا بىزنىڭ سۆزلىرىمىزنى ئاڭلىمايدۇ. مانا بۇنىڭدىن بىر كىشىدە ھەقىقەتكە يېتەكلەيدىغان روھ ياكى يالغانچىلىققا ئازدۇرىدىغان روھنىڭ بارلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.

خۇدا ئۆزى مېھىر-مۇھەببەتتۇر

7قەدىرلىك قېرىنداشلار، بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەيلى. چۈنكى، مېھىر-مۇھەببەتنىڭ ئۆزى خۇدادىن كېلىدۇ. مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەن كىشى خۇدانىڭ پەرزەنتى بولغان بولىدۇ ۋە خۇدانى تونۇيدۇ. 8مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتمىگەن كىشى خۇدانى تونۇمىغان بولىدۇ. چۈنكى، خۇدا ئۆزى مېھىر-مۇھەببەتتۇر. 9خۇدا بىزنى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىردىنبىر يېگانە ئوغلىنى بۇ دۇنياغا ئەۋەتتى ۋە بۇنىڭ بىلەن بىزگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى كۆرسەتتى. 10ھەقىقىي مېھىر-مۇھەببەت بىزنىڭ خۇداغا كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىمىز ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ بىزگە كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىدۇر. چۈنكى، ئۇ بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن، ئۆز ئوغلىنى قۇربان بولۇشقا ئەۋەتتى.

11قەدىرلىك قېرىنداشلار، خۇدا بىزگە شۇ قەدەر مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەن يەردە، بىزمۇ بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشىمىز كېرەك. 12ھېچكىم ھېچقاچان خۇدانى كۆرگەن ئەمەس، لېكىن بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتسەك، خۇدا قەلبىمىزدە ياشايدۇ ۋە ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ھاياتىمىزدا مۇكەممەل ئىپادىلەنگەن بولىدۇ. 13خۇداغا باغلىنىپ ياشاۋاتقانلىقىمىزنى ۋە خۇدانىڭ بىزنىڭ قەلبىمىزدە ياشاۋاتقانلىقىنى ئۇنىڭ ئۆز روھىنى بىزگە ئاتا قىلغانلىقىدىن بىلىمىز. 14ئەرشتىكى ئاتىمىز ئۆز ئوغلى ئەيسا مەسىھنى بۇ دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى بولۇشقا ئەۋەتتى. بۇنى بىز كۆردۇق ھەم بۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىمىز. 15ئەگەر كىمدەكىم ئەيسا مەسىھنىڭ خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى ئوچۇق ئېتىراپ قىلسا، خۇدا ئۇنىڭدا، ئۇمۇ خۇدادا ياشايدۇ. 16بۇنىڭ بىلەن، خۇدانىڭ بىزگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى تونۇپ يېتىمىز ۋە بۇنىڭدىن گۇمانلانمايمىز. خۇدا ئۆزى مېھىر-مۇھەببەتتۇر. شۇڭا، مېھىر-مۇھەببەت ئىچىدە ياشىغان كىشى خۇدادا ياشايدۇ، خۇدامۇ ئۇنىڭدا ياشايدۇ. 17مۇشۇنداق بولغاندا، مېھىر-مۇھەببەت بىزدە مۇكەممەللىشىدۇ. قىيامەت كۈنى، خۇدانىڭ ئالدىدا يۈرىكىمىز توق بولىدۇ. چۈنكى، ئەيسا مەسىھ خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقاندەك، ھازىر بىزمۇ بۇ دۇنيادا شۇ مېھىر-مۇھەببەتتىن بەھرىمەندۇرمىز. 18مېھىر-مۇھەببەتتە قورقۇنچ بولمايدۇ. مېھىر-مۇھەببەت مۇكەممەل بولسا، قورقۇنچنى يوققا چىقىرىدۇ. چۈنكى، قورقۇنچ خۇدانىڭ جازاسى بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپ، قورقۇنچ بار كىشىدە مېھىر-مۇھەببەت مۇكەممەل ئەمەستۇر.

19بىزنىڭ قەلبىمىز مېھىر-مۇھەببەتلىك، چۈنكى خۇدا ئالدى بىلەن بىزگە مېھىر-مۇھەببەتلىك بولدى. 20ئەگەر بىرى، «خۇدانى سۆيىمەن» دەپ تۇرۇپ، قېرىندىشىغا ئۆچمەنلىك قىلسا، ئۇ يالغانچىدۇر. چۈنكى، كۆزىگە كۆرۈنۈپ تۇرغان قېرىندىشىغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتمىگەن كىشى كۆرۈپ باقمىغان خۇدانى قانداقمۇ سۆيسۇن؟ 21شۇڭا، خۇدا بىزگە: «خۇدانى سۆيگەن كىشى قېرىندىشىنىمۇ سۆيسۇن» دەپ ئەمر قىلغان.



*3 شۇ ۋاقىتلاردا، بەزىلەر ئەيسا مەسىھنى «ئىنسان ئەمەس، بەلكى بىر خىل روھ» دەپ، خاتا تەلىم بەرگەنىدى.



 

5

ئېتىقادىمىز ئارقىلىق شەيتان ئۈستىدىن غەلىبە قىلىمىز

1ئەيسانىڭ مەسىھ، يەنى قۇتقۇزغۇچى ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن كىشى خۇدانىڭ پەرزەنتى بولغان بولىدۇ. ئاتىسىنى سۆيىدىغان كىشى ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنىمۇ سۆيىدۇ. 2بىز ئۆزىمىزنىڭ خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىنى سۆيىدىغانلىقىمىزنى قانداق بىلىمىز؟ خۇدانى سۆيۈپ، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشىمىز ئارقىلىق بىلىمىز. 3خۇدانى سۆيۈش ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىش دېمەكتۇر. ئۇنىڭ ئەمرلىرىمۇ ئېغىر ئەمەس. 4چۈنكى، خۇدانىڭ پەرزەنتى بولغانلارنىڭ ھەممىسى ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقادى ئارقىلىق بۇ دۇنيادىكى يامانلىق ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ. 5بۇ دۇنيادىكى يامانلىق ئۈستىدىن غەلىبە قىلغۇچىلار زادى كىملەر؟ ئۇلار پەقەت ئەيسا مەسىھنى خۇدانىڭ ئوغلى، دەپ ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلاردۇر.

ئەيسا مەسىھكە بېرىلگەن گۇۋاھلىق

6ئەيسا مەسىھ دۇنياغا كەلگەندە، سۇدا چۆمۈلدۈرۈش رەسمىيىتىنىمۇ، كرېستكە مىخلىنىپ قان تۆكۈشنىمۇ بېشىدىن ئۆتكۈزدى. ئۇ كەلگەندە، پەقەت سۇدا چۆمۈلدۈرۈش رەسمىيىتىدىن ئۆتۈپلا قالماستىن، بەلكى ئۆز قېنىنى تۆكۈپ قۇربانلىقنىمۇ بەردى. مۇقەددەس روھنىڭ ئۆزىمۇ بۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ. چۈنكى، خۇدانىڭ روھى ھەقىقەتتۇر.*7ئەيسا مەسىھ توغرۇلۇق ئۈچ گۇۋاھلىق بار. 8بۇلار: مۇقەددەس روھ، چۆمۈلدۈرۈش سۈيى ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ تۆككەن قېنىدىن ئىبارەت. بۇ ئۈچىنىڭ گۇۋاھلىقى بىردەكتۇر. 9بىز ئىنسانلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى ئىشەنچلىك، دەپ قارىغان يەردە، خۇدانىڭ گۇۋاھلىقى تېخىمۇ ئىشەنچلىكتۇر. خۇدا ئۆز ئوغلى ئەيسا مەسىھ توغرىسىدا شۇنداق گۇۋاھلىق بەرگەن. 10خۇدانىڭ ئوغلىغا ئېتىقاد قىلغان كىشى خۇدانىڭ گۇۋاھلىقىنى ھەق، دەپ بىلىدۇ. بىراق، خۇدانىڭ گۇۋاھلىقىغا ئىشەنمىگەن كىشى خۇدانى يالغانچى، دەپ قارىغان بولىدۇ. چۈنكى ئۇ، خۇدانىڭ ئۆز ئوغلى توغرۇلۇق بەرگەن گۇۋاھلىقىغا ئىشەنمىگەن بولىدۇ. 11بۇ گۇۋاھلىق شۇكى، خۇدا بىزگە مەڭگۈلۈك ھاياتنى ئاتا قىلدى. بۇ ھاياتلىق بىزگە ئۇنىڭ ئوغلى ئارقىلىق كەلدى. 12شۇڭا، خۇدانىڭ ئوغلىنى قوبۇل قىلغان كىشى ھاياتلىققا ئىگە بولغان بولىدۇ. بىراق، خۇدانىڭ ئوغلىنى قوبۇل قىلمىغان كىشى ھاياتلىققا ئىگە بولمىغان بولىدۇ.

مەڭگۈلۈك ھايات

13مەن بۇلارنى خۇدانىڭ ئوغلىغا ئېتىقاد قىلغان سىلەرگە مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگە بولغانلىقىنى بىلسۇن، دەپ يازدىم. 14خۇدانىڭ ئالدىدا يۈرىكىمىز شۇنداق توقكى، خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ئۇيغۇن نېمىنى تىلىسەك، ئۇ دۇئا-تىلاۋىتىمىزنى چوقۇم ئاڭلايدۇ. 15ئۇنىڭ ئاڭلايدىغانلىقىنى بىلگەنىكەنمىز، نېمىنى تىلىسەك، شۇنى بېرىدىغانلىقىنىمۇ بىلىمىز.

16بىرى قېرىندىشىنىڭ مەڭگۈلۈك ئۆلۈمگە ئېلىپ بارمىغۇدەك گۇناھ سادىر قىلغانلىقىنى كۆرسە، ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلسۇن. بۇنىڭ بىلەن، خۇدا ئۇنىڭ بۇ قېرىندىشىغا ھاياتلىق ئاتا قىلىدۇ. بۇ، ئۆلۈمگە ئېلىپ بارمىغۇدەك گۇناھ ئۆتكۈزگەنلەرگە قارىتا ئېيتىلغان. لېكىن، مەڭگۈلۈك ئۆلۈمگە ئېلىپ بارغۇدەك گۇناھمۇ بار. مەن سىلەرنى بۇنداق گۇناھ سادىر قىلغانلار ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار دېمەيمەن. 17ھەممە ئادالەتسىزلىك گۇناھتۇر. لېكىن مەڭگۈلۈك ئۆلۈمگە ئېلىپ بارمايدىغان گۇناھمۇ بار. 18خۇدانىڭ پەرزەنتى بولغان كىشىنىڭ گۇناھ سادىر قىلىۋەرمەيدىغانلىقىنى بىلىمىز. چۈنكى، خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھ بۇنداق كىشىنى قوغداپ قالىدۇ. شۇڭا، شەيتانمۇ ئۇنىڭغا تېگەلمەيدۇ. 19بىزگە مەلۇمكى، بىز خۇداغا مەنسۇپمىز. ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغانلار بولسا شەيتاننىڭ باشقۇرۇشىدىدۇر. 20يەنە بىزگە مەلۇمكى، خۇدانىڭ ئوغلى دۇنياغا كەلدى ۋە ھەقىقىي خۇدانى تونۇشىمىز ئۈچۈن، ئۇ بىزگە ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلدى. بىز ھەقىقىي خۇداغا باغلىنىپ ياشاۋاتىمىز. چۈنكى، بىز ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھكە باغلانغانمىز. ئەيسا مەسىھ ھەقىقىي خۇدادۇر ۋە مەڭگۈلۈك ھاياتتۇر!

21ئەزىز بالىلىرىم، خۇداغا بېغىشلانغان قەلبىڭلاردىكى ئورۇننى ھەرقانداق نەرسىلەرنىڭ ئىگىلىۋېلىشىدىن ساقلىنىڭلار.



*6 مۇئەللىپ بۇ ئايەت ئارقىلىق ھەزرىتى ئەيسا پەقەت سۇغا چۆمۈلدۈرۈلگەندىن تارتىپ تاكى كرېستكە مىخلىنىش ھارپىسىغىچە بولغان ئارىلىقتا خۇدانىڭ ئوغلى بولغان، دېگەن يالغان تەلىملەرگە رەددىيە بېرىپ، خۇدانىڭ ئوغلى ھەزرىتى ئەيسانىڭ پەقەت سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈپلا قالماي، يەنە كرېستكىمۇ مىخلانغانلىقىنى تەكىتلىگەن.