يوئېل

 

1

1بۇ پەرۋەردىگاردىن پىتۇئېلنىڭ ئوغلى يوئېلغا كەلگەن ۋەھىيلەردۇر.

چېكەتكە ئاپىتى

2ئەي ئاقساقاللار، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار!

ئەي يەھۇدىيە خەلقى، ئاڭلاڭلار!

ئەجدادلىرىڭلارنىڭ ۋە سىلەرنىڭ زامانىڭلاردا

يۈز بېرىپ باققانمۇ بۇنداق ئىشلار؟

3بۇ ئىشلارنى پەرزەنتلىرىڭلارغا سۆزلەپ بېرىڭلار،

پەرزەنتلىرىڭلار ئۆزلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىگە سۆزلەپ بەرسۇن.

ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىگە سۆزلەپ بەرسۇن.

4بىر توپ يېتىلگەن چېكەتكىلەر كېلىپ، بىر قىسىم زىرائەتلەرنى يەپ كەتتى،

ئۇنىڭدىن قالغىنىنى بىر توپ كۈزلۈك چېكەتكىلەر كېلىپ يېدى،

ئۇنىڭدىن قالغىنىنى يېڭى بىر توپ پىيادە چېكەتكىلەر كېلىپ يېدى،

ئۇنىڭدىنمۇ قالغىنىنى باشقا بىر توپ يېتىلگەن چېكەتكىلەر كېلىپ يەپ تۈگەتتى.

5ئەي مەستلەر، ئويغىنىڭلار، يىغلاڭلار.

ئەي مەيخورلار، ھەممىڭلار پەرياد قىلىڭلار.

يوقتۇر ئەمدى سىلەرنىڭ ئىچكۈدەك شارابىڭلار!

6بىر توپ چېكەتكە خۇددى بىر ئەلگە ئوخشاش،

زېمىنىمىزغا ھۇجۇم قىلدى.

ئۇلار كۈچلۈك ھەم سان-ساناقسىز ئىدى.

ئۇلاردا ئەركەك شىرنىڭ چىشلىرى،

چىشى شىرنىڭ ئۆتكۈر چىشلىرى بار ئىدى.

7ئۇلار ئۈزۈمزارلىقىمىزنى ۋەيران قىلدى،

ئەنجۈرلۈكىمىزنى پايخان قىلدى

ۋە ئۇلارنىڭ قوۋزاقلىرىنى سويۇپ،

پەقەت قۇرۇق شاخلىرىنى قالدۇردى.

8ئەي خەلقىم، سىلەر توي قىلىشقا پۈتۈشكەن يىگىتى ئۆلۈپ كەتكەن قىزغا ئوخشايسىلەر،

ماتەملىك كىيىم كىيىپ، ھازا تۇتۇڭلار.

9پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىمۇ توختىدى.

پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان روھانىيلار ھازا تۇتماقتا.

10ئېتىزدىكى زىرائەتلەر ۋەيران بولدى،

يەرلەر ھازا تۇتماقتا.

ئاشلىقلار خاراب بولدى،

شاراب تۈگىدى،

زەيتۇن يېغىمۇ يوق بولدى.

11ئەي دېھقانلار، قايغۇرۇڭلار!

ئەي باغۋەنلەر، نالە-پەرياد قىلىڭلار!

چۈنكى ئېتىزدىكى بۇغداي ۋە ئارپىلار ۋەيران بولدى.

پۈتۈن ھوسۇلۇڭلار خاراب بولدى.

12ئۈزۈم تاللىرى قۇرۇدى،

ئەنجۈرلەر سولىشىپ قالدى،

باغدىكى ئانار، خورما ۋە ئالما دەرەخلىرى ئۆلدى.

كىشىلەردە خۇشاللىقتىن ئەسەرمۇ قالمىدى.

توۋا قىلىشقا چاقىرىش

13ئەي روھانىيلار، ماتەملىك كىيىم كىيىپ، ھازا تۇتۇڭلار.

ئەي قۇربانلىق سۇپىسى ئالدىدىكى خىزمەتكارلار، نالە-پەرياد قىلىڭلار،

ئەي خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرى، كېچىدە ماتەملىك كىيىمىڭلار بىلەن يېتىڭلار.

چۈنكى، ئەمدى خۇدايىڭلارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا

سۇنىدىغان ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرى قالمىدى.

14روزا تۇتۇشقا چاقىرىڭلار،

مۇقەددەس يىغىلىشنى ئېلان قىلىڭلار.

زېمىنىڭلاردىكى ئاقساقاللار ۋە بارلىق خەلقنى يىغىپ،

پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا پەرۋەردىگارغا يىغلاڭلار.

15پەرۋەردىگارنىڭ سوراق كۈنىنىڭ كېلىدىغانلىقىغا ئاز قالدى،

ئۇ كۈن شۇنچە دەھشەتلىكتۇر!

ئۇ ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان كۈنىدۇر.

16يېمەكلىكلىرىمىز كۆز ئالدىمىزدا ئېلىپ كېتىلدى.

خۇدايىمىزنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى شاد-خۇراملىق غايىب بولدى.

17ئۇرۇقلار تۇپراقتا سېسىپ كەتتى،

زىرائەتلەر قۇرۇپ كەتتى،

ئاشلىق ئامبارلىرى بوش قالدى،

ئۇلار خاراب بولدى.

18چارۋا ماللار ئاچلىقتىن نالە قىلماقتا،

كالا پادىلىرى ئوت تاپالماي، ھەر تەرەپكە قاترىماقتا،

قوي پادىلىرىمۇ قىينالماقتا.

19ئى پەرۋەردىگار، ساڭا يالۋۇرىمەن،

چۈنكى ئوتلاقلارنى ئوت يالماپ كەتتى،

دالادىكى دەرەخلەرنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلدى.

20ياۋايى ھايۋانلارمۇ ھالسىراپ، سەندىن ياردەم كۈتىدۇ.

چۈنكى ئېقىنلار قۇرۇپ كەتتى،

دالادىكى ئوتلاقلارنى ئوت كۆيدۈرۈپ تۈگەتتى.

 

2

پەرۋەردىگارنىڭ «چېكەتكە قوشۇنى»

1سىئوندا بۇرغا چېلىڭلار،

پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس تېغىدىن خەلقنى ئاگاھلاندۇرۇڭلار!

زېمىندىكى بارلىق ئادەملەر تىترىسۇن!

پەرۋەردىگارنىڭ سوراق كۈنى يېقىنلاپ كەلمەكتە، ئاز قالدى.

2ئۇ كۈن قاراڭغۇ، زۇلمەتلىك ۋە قارا بۇلۇتلۇق كۈندۇر.

قاراڭغۇلۇق تاغلارنى قاپلىغاندەك،

زور كۈچلۈك قوشۇن زېمىننى قاپلايدۇ.

بۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئىشلار بۇرۇنمۇ بولمىغان

ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بولمايدۇ.

3ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئوت يانىدۇ،

ئارقىسىدىمۇ ئاتەش يالقۇنلايدۇ.

ئۇلار كېلىشتىن بۇرۇن زېمىن ئېرەم باغدەك گۈزەل بولسا،

كېلىپ كەتكەندىن كېيىن قاقاسلىققا ئايلىنىدۇ.

ھېچنېمە ئۇلاردىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.

4ئۇلارنىڭ كۆرۈنۈشى ئاتقا ئوخشايدۇ،

ئۇلار خۇددى ئۇرۇش ئېتىدەك چېپىپ يۈرۈشىدۇ.

5ئۇلاردىن جەڭ ھارۋىلىرىدەك چاراسلىغان ئاۋاز چىقىدۇ.

ئۇلار تاغ چوققىلىرىدا سەكرەپ يۈرىدۇ.

ئۇلاردىن يەنە قۇرۇق پاخال كۆيگەندەك قاراسلىغان ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ.

ئۇلار خۇددى ئۇرۇشقا سەپ تۈزگەن چوڭ قوشۇنغا ئوخشايدۇ.

6خەلق ئۇلارنى كۆرۈپ، ھوشىنى يوقىتىدۇ

ۋە چىرايلىرىدا قان قالمايدۇ.

7ئۇلار ھۇجۇم قىلىۋاتقان باتۇرلارغا،

سېپىلغا يامىشىۋاتقان لەشكەرگە ئوخشايدۇ.

ئۇلار سەپ بويىچە ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ،

سەپلىرىنى قەتئىي بۇزمايدۇ.

8ھېچكىم بىر-بىرىنى قىستاشماي،

ھەركىم ئۆز يولىدا ئالدىغا قاراپ ماڭىدۇ.

ئۇلار توسۇقلاردىن بۆسۈپ ئۆتىدۇ،

ھېچكىم ئۇلارنى توسالمايدۇ.

9ئۇلار شەھەرگە قاراپ ئېتىلىدۇ،

سېپىللارنىڭ ئۈستىدە چېپىشىدۇ.

ئۆيلەرگە يامىشىدۇ،

دېرىزىلەردىن ئوغرىدەك كىرىدۇ.

10ئۇلار نەگىلا بارسا،

ئاسمان-زېمىن تىترەيدۇ.

كۈن، ئاي تۇتۇلىدۇ،

يۇلتۇزلارمۇ چاقنىمايدۇ.

11پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ بۇ خاس «قوشۇن»ىغا بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ،

ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ سانى يوقتۇر.

ئۇنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلغانلار كۈچلۈكتۇر.

پەرۋەردىگارنىڭ سوراق كۈنى شۇنچىلىك قورقۇنچلۇقتۇر،

ئۇنىڭغا كىممۇ بەرداشلىق بېرەلىسۇن؟

پەرۋەردىگارنىڭ يولىغا قايتىشقا چاقىرىش

12پەرۋەردىگار: «ھازىرمۇ روزا تۇتۇڭلار، يىغلاڭلار، ھازا ئېچىڭلار،

پۈتۈن قەلبىڭلار بىلەن يولۇمغا قايتىڭلار» دەيدۇ.

13كىيىمىڭلارنى ئەمەس، قەلبىڭلارنى يىرتىپ، ئۆزگىرىڭلار.

پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ يولىغا قايتىڭلار!

چۈنكى ئۇ شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىلدۇر،

ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيدۇ، چەكسىز مېھىر-مۇھەببەتلىكتۇر.

بالايىئاپەت كەلتۈرۈشنى خالىمايدۇ.

14كىم بىلىدۇ، بەلكىم ئۇ نىيىتىنى ئۆزگەرتىپ،

سىلەرگە ئىچى ئاغرىشى ۋە بەخت ئاتا قىلىپ،

مول ھوسۇل بېرىشى مۇمكىن.

ئۇ چاغدا سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى سۇنالايسىلەر.

15سىئون تېغىدا بۇرغا چېلىڭلار،

روزا تۇتۇشقا چاقىرىڭلار،

مۇقەددەس يىغىلىشنى ئېلان قىلىڭلار.

16خەلقنى يىغىڭلار،

ئۇلار ئۆزلىرىنى پاكلىسۇن.

ياشانغانلارنى ۋە بالىلارنى يىغىڭلار،

ھەتتا بوۋاقلارمۇ يىغىلسۇن.

يېڭى توي قىلغان قىز-يىگىتلەر ھۇجرىلىرىدىن چىقسۇن.

17پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان روھانىيلار

ئىبادەتخانىنىڭ كىرىش ئېغىزى بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئارىلىقىغا يىغىلسۇن.

ئۇلار مۇنداق دەپ دۇئا قىلسۇن:

«ئى پەرۋەردىگار، ئۆز خەلقىڭنى ئايىغايسەن.

ئۆز خەلقىڭنى يات ئەللەرنىڭ خورلۇقى ۋە مەسخىرىسىگە قالدۇرمىغايسەن.

يات ئەللەرنىڭ ‹قېنى ئۇلارنىڭ خۇداسى؟› دېگەن سۆزىگە قويمىغايسەن.»

پەرۋەردىگارنىڭ جاۋابى

18ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار ئۆز زېمىنىغا ئېچىنىپ،

خەلقىگە ئىچ ئاغرىتىدۇ.

19ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دەيدۇ:

«سىلەرگە ئاشلىق، شاراب ۋە زەيتۇن يېغى بېرىمەن،

سىلەرنى تويدۇرىمەن.

ئەمدى سىلەرنى باشقا ئەللەردە يەنە خار قىلمايمەن.

20شىمالدىن كەلگەن دۈشمەننى قوغلاپ چىقىرىمەن،

ئۇلارنى قاقاس ۋە چۆل بىر يەرگە قوغلىۋېتىمەن.

ئالدىن يۈرەر قوشۇننى ئۆلۈك دېڭىزغا،

قالغان قوشۇنلارنى ئوتتۇرا دېڭىزغا غەرق قىلىمەن.

ئۇلارنىڭ ئۆلۈكلىرىنىڭ سېسىق پۇرىقى جاھاننى بىر ئالىدۇ.»

پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن بۈيۈك ئىشلارنى قىلدى.

21ئەي زېمىن، قورقما،

خۇشال بول، شادلان!

چۈنكى پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن بۈيۈك ئىشلارنى قىلدى.

22ئەي دالادىكى ھايۋانلار، قورقماڭلار،

ئوتلاقلار ياپيېشىل كۆكلەيدۇ،

مېۋىلىك دەرەخلەر مېۋە بېرىدۇ،

ئەنجۈر، ئۈزۈم شاخلىرى مېۋىگە تولىدۇ.

23ئەي سىئون خەلقى، شادلىنىڭلار،

پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادىن خۇشاللىق تېپىڭلار.

ئۇ ئۆز ۋاقتىدا يامغۇرلارنى ياغدۇرىدۇ،

چۈنكى ئۇ بىزگە ساداقەتلىكتۇر.

سىلەرگە بۇرۇنقىغا ئوخشاش كۈز ۋە باھار يامغۇرى ياغدۇرۇپ بېرىدۇ.

24خامىنىڭلار ئاشلىققا تولىدۇ،

شاراب ۋە زەيتۇن يېغىڭلار ئىدىشلارغا پاتماي قالىدۇ.

25پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«كۈزلۈك چېكەتكىلەر، پىيادە چېكەتكىلەر،

يېتىلگەن چېكەتكىلەر ۋە باشقا بىر توپ يېتىلگەن چېكەتكىلەر

يەپ كەتكەن زىرائەتلەرنى ئەمدى مەن سىلەرگە تولۇقلاپ بېرىمەن.

ئۇ كۈچلۈك ‹قوشۇن›نى سىلەرگە قارشى مەن ئەۋەتكەنىدىم.

26سىلەر ئەمدى تويغۇچە يەيسىلەر،

پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ نامىنى مەدھىيەلەيسىلەر،

چۈنكى مەن سىلەر ئۈچۈن بۈيۈك ئىشلارنى قىلدىم.

ئەمدى مېنىڭ خەلقىم قايتا نومۇسقا قالمايدۇ.

27ئۇ ۋاقىتتا سىلەر مېنىڭ ئىسرائىلىيەدە ئىكەنلىكىمنى،

مېنىڭ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئىكەنلىكىمنى

ۋە مەندىن باشقا ئىلاھنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر.

ئەمدى مېنىڭ خەلقىم بولغان سىلەر قايتا نومۇسقا قالمايسىلەر.»

پەرۋەردىگارنىڭ ئىنسانلارنى ئۆز روھىغا چۆمدۈرۈشى

28پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«بۇ ئىشلاردىن كېيىن، مەن پۈتكۈل ئىنسانلارنى ئۆزۈمنىڭ روھىغا چۆمدۈرىمەن،

ئوغۇل-قىزلىرىڭلار ۋەھىيلىرىمنى يەتكۈزىدۇ.

سۆزلىرىم ياشانغانلارغا چۈشلىرى ئارقىلىق،

يىگىتلەرگە غايىبانە ئالامەتلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ.

29ئاشۇ كۈنلەردە مەيلى قۇل، مەيلى دېدەك بولسۇن،

ھەممىسىنى روھىمغا چۆمدۈرىمەن.

30مەن ئاسمان-زېمىندا مۆجىزە كۆرسىتىمەن،

سىلەر قان، ئوت ۋە تۈتۈنلەرنى كۆرىسىلەر.

31قۇياش غۇۋالىشىدۇ، ئاي قان رەڭگىگە كىرىدۇ.

پەرۋەردىگارنىڭ بۈيۈك ۋە ھەيۋەتلىك كۈنى كېلىشتىن بۇرۇن،

بۇ ئىشلار يۈز بېرىدۇ.

32ئۇ چاغدا پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلغانلارنىڭ ھەممىسى قۇتقۇزۇلىدۇ.»

پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنىدەك،

سىئون تېغىدا ۋە يېرۇسالېم شەھىرىدە ھايات قالغان كىشىلەر بولىدۇ،

ھايات قالغانلار دەل پەرۋەردىگار چاقىرغان كىشىلەردۇر.

 

3

پەرۋەردىگارنىڭ يات ئەللەرنى جازالىشى

1پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئۇ كۈنلەر كەلگەندە، مەن يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمنى قايتا گۈللەندۈرىمەن،

2ھەممە ئەللەرنى يىغىپ، يىھوشافات [مەنىسى ‹پەرۋەردىگار سوتلايدۇ›] جىلغىسىغا ئاپىرىمەن.

ئۇ يەردە مەن ئۇلارنى سوتلايمەن.

چۈنكى ئۇلار مېنىڭ خەلقىمنى،

يەنى مېنىڭ مۈلكۈم بولغان ئىسرائىللارنى

يات ئەللەرگە تارقىتىۋېتىپ، زېمىنىمنى بۆلۈشتى.

3ئۇلار خەلقىمنى تاللاپ قۇل قىلىشقا چەك تارتىشتى.

ئوغۇللارنى پاھىشىلەرگە تېگىشتى،

قىزلارنى شارابقا سېتىشتى.

4ئەي تىر، سىدون شەھەرلىرى ۋە فىلىستىيەنىڭ بارلىق رايونلىرى، ماڭا نېمىشقا بۇنداق مۇئامىلىدە بولىسىلەر؟ سىلەر مەندىن ئۆچ ئالماقچىمۇ؟ ئەگەر مەندىن ئۆچ ئېلىۋاتقان بولساڭلار، مەنمۇ سىلەردىن ئۆچ ئېلىپ، بېشىڭلارغا تېزلا بالا-قازا چۈشۈرەي.5سىلەر مېنىڭ ئالتۇن-كۈمۈشلىرىمنى، قىممەتلىك خەزىنىلىرىمنى بۇلاپ كېتىپ، ئۇلارنى بۇتخانىلىرىڭلارغا قويدۇڭلار.6يەھۇدىيەنىڭ، جۈملىدىن يېرۇسالېمنىڭ خەلقىنى ئۆز يۇرتلىرىدىن ئايرىپ، يۇنانلىقلارغا ساتتىڭلار.7سىلەر ئۇلارنى نەگە ساتقان بولساڭلار، مەن ئۇلارنى شۇ يەرلەردىن قايتۇرۇپ كېلىمەن. سىلەر ئۇلارغا قانداق مۇئامىلە قىلغان بولساڭلار، مەنمۇ سىلەرگە شۇنداق مۇئامىلە قىلىمەن.8ئوغۇل-قىزلىرىڭلارنى يەھۇدىيەلىكلەرگە سېتىپ بېرىمەن. يەھۇدىيەلىكلەر ئۇلارنى يىراقتىكى سىبائى خەلقىگە ساتىدۇ. بۇلار مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

9سىلەر باشقا ئەللەرگە مۇنداق دەپ جاكارلاڭلار:

‹ئۇرۇشقا ھازىرلىنىڭلار!

لەشكەرلىرىڭلارنى، پۈتۈن باتۇرلىرىڭلارنى يىغىپ،

ئۇرۇشقا ئاتلىنىڭلار.

10ساپىنىڭلاردىن قىلىچ،

شاخ پۇتايدىغان پىچىقىڭلاردىن نەيزە سوقۇڭلار.

ئاجىزلارمۇ مەن باتۇر دېسۇن.

11ئەي ئەتراپتىكى بارلىق ئەللەر،

تېز بولۇڭلار، يىھوشافات جىلغىسىغا يىغىلىڭلار!›»

ئى پەرۋەردىگار، لەشكەرلىرىڭنى ئەۋەتكەيسەن.

12«ئەتراپتىكى ھەممە ئەللەر ئورۇنلىرىدىن قوزغالسۇن،

يىھوشافات جىلغىسىغا يىغىلسۇن.

مەن پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئۇ يەردە سوتلايمەن.

13زىرائەتلەر پىشتى، ئورغاق سېلىڭلار.

ئۈزۈم ئېزىش كۆلچىكى ئۈزۈمگە تولدى، كېلىپ ئېزىڭلار.

خۇددى شاراب ئىدىشلىرىدىن شاراب تاشقاندەك،

ئۇلارنىڭ رەزىللىكلىرىمۇ تولۇپ تاشتى.»

14مىڭلىغان، تۈمەنلىگەن كىشىلەر سوت بولىدىغان جىلغىدىدۇر.

چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ سوراق كۈنى يېقىنلاپ كەلمەكتە.

15ئۇ كۈنى ئاي، كۈن تۇتۇلىدۇ، يۇلتۇزلارمۇ چاقنىمايدۇ.16پەرۋەردىگار سىئون تېغىدىن نەرە تارتىپ،

يېرۇسالېمدىن گۈلدۈرمامىدەك گۈلدۈرلىگەندە،

ئاسمان-زېمىن لەرزىگە كېلىدۇ.

لېكىن پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنىڭ پاناھگاھى،

ئىسرائىل خەلقىنىڭ قورغىنى بولىدۇ.

يەھۇدىيەنىڭ بەختكە ئېرىشىشى

17پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئىكەنلىكىمنى،

مۇقەددەس تېغىم سىئوندا تۇرىدىغانلىقىمنى بىلىسىلەر.

يېرۇسالېم مۇقەددەستۇر،

يات ئەللەر ئۇ يەرگە يەنە تاجاۋۇز قىلالمايدۇ.

18ئۇ ۋاقىت كەلگەندە، تاغلاردىن تاتلىق شەربەت تامىدۇ.

ئېدىرلىقلاردا سۈت ئاقىدۇ،

يەھۇدىيەدىكى بارلىق جىلغىلاردا سۇلار دولقۇنلايدۇ.

پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى بىر بۇلاقتىن سۇ ئېقىپ كېلىپ،

شىتتىم ۋادىسىنىڭ قۇرۇق يەرلىرىنى سۇغۇرىدۇ.

19لېكىن مىسىر قاقاسلىققا،

ئىدوم چۆلگە ئايلىنىدۇ.

چۈنكى ئۇلار يەھۇدىيە خەلقىگە زوراۋانلىق قىلىپ،

يەھۇدىيە زېمىنىدا گۇناھسىزلارنىڭ قېنىنى تۆكتى.

20لېكىن يەھۇدىيە مەڭگۈ ياشايدۇ،

يېرۇسالېم ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملىشىدۇ.

21مەن پەرۋەردىگار قان قەرزگە بوغۇلغان دۈشمەنلەرنى جازاسىز قويمايمەن.

مەن سىئوندىدۇرمەن.»