«يوئېل»

قىسقىچە چۈشەندۈرۈش

يوئېل پەيغەمبەرنىڭ ھاياتى ۋە قايسى دەۋرىدە ياشىغانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتلار يوق دېيەرلىك. ئۇ يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېملىقلارغا ۋەھىي يەتكۈزگەن. يوئېل پەيغەمبەر بۇ يازمىدا ئاۋۋال قورقۇنچلۇق چېكەتكە ۋە قۇرغاقچىلىق ئاپىتىنى تەسۋىرلەيدۇ. ئاندىن ئۇ خەلقنى توۋا قىلىشقا چاقىرىدۇ. ئەگەر خەلق توۋا قىلسا، پەرۋەردىگارنىڭ خەلقنى يېڭىباشتىن گۈللەندۈرۈشكە ۋە ئۇلارغا بەخت ئاتا قىلىشقا ۋەدە بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ. يازمىنىڭ ئاخىرىدا پەرۋەردىگار ئوغۇل-قىز، قېرى-ياش دېمەي، ئۆزىگە ئىشەنگەن بارلىق ئىنسانلارنى ئۆزىنىڭ روھىغا چۆمدۈرىدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىدۇ. يوئېل پەيغەمبەر پەرۋەردىگارنىڭ سوراق كۈنىنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنى، ئۇ ۋاقىت كەلگەندە پەرۋەردىگارنىڭ پۈتۈن ئەللەرنى سوتلايدىغانلىقىنى ۋە ئۆز خەلقىنى بەختكە سازاۋەر قىلىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتىدۇ.

تېزىس

1. پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خەلقىنى توۋا قىلىشقا چاقىرىشى (1-باب 1-ئايەتتىن 2-باب 17-ئايەتكىچە)
2. پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خەلقىگە بەرگەن ۋەدىسى (2-باب 18-ئايەتتىن 2-باب 32-ئايەتكىچە)
3. پەرۋەردىگارنىڭ يات ئەللەرنى جازالىشى ۋە ئۆز خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈشى (3-باب)