تارىخلار 2-قىسىم

1

سۇلايمان پادىشاھنىڭ ئەقىل-پاراسەت تەلەپ قىلىشى

1داۋۇتنىڭ ئوغلى سۇلايمان ئۆزىنىڭ شاھلىق تەختىنى مۇستەھكەملىدى. سۇلايمان ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدا ئۇنىڭغا يار-يۆلەك بولغاچقا، ئۇ تېخىمۇ كۈچىيىپ قۇدرەت تاپتى.
2سۇلايمان پۈتۈن ئىسرائىللارنى، جۈملىدىن مىڭبېشى، يۈزبېشى، سوتچى، يېتەكچى ۋە قەبىلە باشلىقلىرىنى چاقىرتىپ،3ئۇلار بىلەن بىرلىكتە گىبئوندىكى سەجدىگاھقا باردى. ئۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا چۆلدە ياساتقان خۇدا بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرى بار ئىدى.4داۋۇت خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قىريات-يىئارىمدىن يېرۇسالېمدىكى ئۆزى تەييارلىغان يەرگە يۆتكەپ ئەكەلدۈرۈپ، شۇ يەردە ئەھدە ساندۇقى ئۈچۈن يەنە بىر چېدىر ياساتقانىدى.5ئۇرىنىڭ ئوغلى، يەنى خۇرنىڭ نەۋرىسى بىزالئېل تۇچ بىلەن قاپلاپ ياسىغان قۇربانلىق سۇپىسى گىبئوندىكى پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا بولۇپ، سۇلايمان ۋە جامائەت شۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلدى.6سۇلايمان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدىكى قۇربانلىق سۇپىسىدا مىڭ تۇياق مالنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى.
7شۇ كېچىسى پەرۋەردىگار سۇلايمانغا زاھىر بولۇپ، مۇنداق دېدى:
_ نېمە تىلىكىڭ بار، سورىغىن.

8سۇلايمان جاۋاب بېرىپ، مۇنداق دېدى:
_ ئاتام داۋۇتقا زور مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، مېنى ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىس قىلدىڭ.
9ئى پەرۋەردىگار خۇدا، ئەمدى ئاتام داۋۇتقا بەرگەن ۋەدەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرغايسەن. سەن مېنى يەر يۈزىدىكى قۇمدەك سانسىز خەلققە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدىڭ.10ئەمدى ماڭا ئۇلارنى باشقۇرغۇدەك ئەقىل ۋە بىلىم بەرگەيسەن. بولمىسا كىممۇ شۇنچە كۆپ خەلق ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلالىسۇن؟
11خۇدا سۇلايمانغا:
_ سەن مەندىن ئۆزۈڭ ئۈچۈن بايلىق، مال-دۇنيا، شان-شەرەپ، ھەتتا ئۇزۇن ئۆمۈر ۋە دۈشمەنلىرىڭنى يوقىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلماي، پەقەت خەلقىمنى، يەنى سېنىڭ ھۆكۈمرانلىقىڭغا تاپشۇرغان خەلقنى باشقۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل ۋە بىلىم تەلەپ قىلغانىكەنسەن،
12مەن ساڭا ئەقىل ۋە بىلىم بەرگەندىن سىرت، يەنە بۇرۇنقى پادىشاھلاردىمۇ بولمىغان ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى پادىشاھلاردىمۇ بولمايدىغان بايلىق، مال-دۇنيا ۋە شان-شەرەپ ئاتا قىلىمەن، _ دېدى.
13شۇنىڭدىن كېيىن سۇلايمان گىبئونغا جايلاشقان سەجدىگاھتىكى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كېلىپ، ئىسرائىلىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلدى.
14سۇلايمان پادىشاھ جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن ئاتلارنى توپلىدى. ئۇنىڭ 1400 جەڭ ھارۋىسى، 12 مىڭ ئېتى بار ئىدى. ئۇ ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى جەڭ ھارۋىلىرى تۇرىدىغان شەھەرلەرگە ۋە يەنە بىر قىسمىنى ئۆزى تۇرىدىغان يېرۇسالېمغا جايلاشتۇردى.15سۇلايمان پادىشاھ يېرۇسالېمدا كۈمۈش ۋە ئالتۇننى خۇددى تاشتەك، كېدىر ياغىچىنى خۇددى غەربىي ئېدىرلىقتىكى ياۋا ئەنجۈر دەرەخلىرىدەك كۆپەيتىۋەتتى.16سۇلايمان پادىشاھنىڭ ئاتلىرى مىسىردىن ۋە كىلىكىيەدىن كەلتۈرۈلەتتى. پادىشاھنىڭ سودىگەرلىرى ئاتلارنى كىلىكىيەدىن مۇقىم باھادا سېتىۋالاتتى.17مىسىردىن كەلتۈرۈلگەن جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ ھەربىرىنىڭ باھاسى سەككىز كىلو كۈمۈش، ئاتنىڭ ھەربىرىنىڭ باھاسى ئىككى كىلو كۈمۈش ئىدى. سۇلايمان پادىشاھنىڭ سودىگەرلىرى ئۇ نەرسىلەرنى خىتلار ۋە ئارراملارنىڭ بارلىق پادىشاھلىرىغا سېتىشاتتى.

2

ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىغا تەييارلىق قىلىنىشى

1سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا ۋە ئۆزى ئۈچۈن ئوردا سالدۇرۇش قارارىغا كەلدى.2سۇلايمان تاغدا تاش قېزىش ئۈچۈن 80 مىڭ ئادەم، تاش ۋە ياغاچ توشۇش ئۈچۈن 70 مىڭ ئادەم ۋە ئۇلارنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن 3600 ئادەمنى تاللىدى.3سۇلايمان تىر پادىشاھى ھىرامغا ئادەم ئەۋەتىپ، مۇنداق دېدى:

«سىلى ئاتام داۋۇتنىڭ ئوردا قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كېدىر دەرىخى ئەۋەتىپ بەرگەندەك، ماڭىمۇ ئەۋەتىپ بەرگەيلا.
4ھازىر مەن پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ نامىغا ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا سېلىپ، ئۇنى پەرۋەردىگارغا بېغىشلىماقچىمەن. ئۇ يەردە، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا خۇشبۇي ئىسرىق سېلىنىپ، پەرۋەردىگارغا سۇنۇلىدىغان نانلار ھەر زامان دەستىلەپ قويۇلىدۇ. ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە، دەم ئېلىش كۈنىدە، يېڭى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى ۋە خۇدايىمىز پەرۋەردىگار بەلگىلىگەن باشقا ھېيتلاردا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىنىدۇ. بۇ ئىسرائىللار مەڭگۈ ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان بەلگىلىمىدۇر.5مەن سالماقچى بولغان بۇ ئىبادەتخانا شۇنچىلىك ھەشەمەتلىك بولىدۇ، چۈنكى بىزنىڭ خۇدايىمىز بارلىق بۇت ئىلاھلاردىن بۈيۈكتۇر.6ئۇ ئاسمان، ھەتتا ئەرشئەلاغا پاتمىغان يەردە، ئۇنىڭغا كىممۇ ئىبادەتخانا سالالىسۇن؟ مەن كىم ئىدىم، ئۇنىڭغا ئىبادەتخانا سالالىغۇدەك؟ مېنىڭ نىيىتىم پەقەت ئۇنىڭغا ئاتاپ ئىسرىق سالغۇدەك بىر يەر ھازىرلاش خالاس.
7ھازىر سىلى ماڭا بىر ئۇستا ئەۋەتىپ بەرسىلە. ئۇ ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ، تۆمۈردىن نەرسىلەرنى ياسىيالايدىغان، سۆسۈن، توق قىزىل، كۆك رەڭلىك رەختلەردىن كەشتىچىلىك قىلالايدىغان، ئويمىچىلىق قىلالايدىغان، ئاتام داۋۇت يېرۇسالېم ۋە پۈتۈن يەھۇدىيەدە تەييار قىلغان ئۇستىلار بىلەن بىرگە ئىشلىيەلەيدىغان بولسۇن.8ھەم لىۋاندىن كېدىر، قارىغاي ۋە ئېسىل ياغاچلارنى ئەۋەتسىلە. خىزمەتكارلىرىنىڭ لىۋان تېغىدا دەرەخ كېسىشكە ئۇستا ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. مەن سىلىنىڭ خىزمەتكارلىرى بىلەن بىرگە ئىشلەيدىغانغا ئادەم ئەۋەتىمەن.9مەن ياسايدىغان ئىبادەتخانا بەك ھەشەمەتلىك بولغاچقا، ماڭا كېرەك بولىدىغان ياغاچلارمۇ كۆپ بولىدۇ.10مەن سىلىنىڭ ياغاچ كېسىدىغان خىزمەتكارلىرىغا 1400 توننا يارما قىلىنغان بۇغداي، 1400 توننا ئارپا، 2000 توننا شاراب ۋە 2000 توننا زەيتۇن يېغى بېرەي.»

11تىر پادىشاھى ھىرام سۇلايمانغا مەكتۇپ ئارقىلىق مۇنداق جاۋاب بەردى:

«پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ خەلقىنى سۆيگەنلىكى ئۈچۈن، سىلىنى ئۇلارنىڭ پادىشاھى قىلىپ تىكلىدى.
12ئاسمان-زېمىننى ياراتقان، ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇداغا مەدھىيەلەر بولسۇن. ئۇ داۋۇت پادىشاھنىڭ دانا ۋە ئەقىل-پاراسەتلىك ئوغلى سۇلايمان ئارقىلىق ئۆزىگە ئىبادەتخانا ھەم سىلىگە ئوردا سالدۇرماقچى بولۇۋېتىپتۇ.
13مەن سىلىگە ھۇرام ئىسىملىك ئەقىللىق ۋە چېۋەر بىر ئۇستامنى ئەۋەتەي.14ئۇنىڭ ئانىسى دان قەبىلىسىدىن، ئاتىسى تىرلىقتۇر. ھۇرام ئويمىچىلىققا، لايىھەلەشكە، ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ، تۆمۈر، تاش، ياغاچتىن نەرسە ياساشقا، نەپىس كەندىر رەختلەرنى سۆسۈن، توق قىزىل، كۆك رەڭلىك يۇڭ يىپلار بىلەن كەشتىلەىشكە ماھىردۇر. ئۇ ئاتىلىرى داۋۇتنىڭ ئۇستىلىرى ۋە باشقا ئۇستىلار بىلەن بىرگە ئىشلىسە بولىدۇ.
15سىلى ئەمدى بېرىشكە ۋەدە قىلغان بۇغداي، ئارپا، زەيتۇن يېغى ۋە شارابلارنى خىزمەتكارلىرىمغا ئەۋەتىپ بەرسىلە.16بىز لىۋان تېغىدىن سىلىگە كېرەكلىك بولغان ياغاچلارنى كېسىپ، ئۇنى سال قىلىپ، سۇ يولى بىلەن جاففاغا ئەۋەتىپ بېرەيلى. سىلى ئۇ يەردىن ياغاچلارنى يېرۇسالېمغا توشۇۋالسىلا.»

17سۇلايمان ئاتىسى داۋۇتنىڭ ئۇسۇلى بويىچە ئىسرائىلىيەدە ياشاۋاتقان بارلىق يات خەلقلەرنى تىزىملاپ چىقتى، ئۇلار جەمئىي 153,600 ئادەم ئىدى.18ئۇ بۇلاردىن 80,000 ئادەمنى تاغدىن تاش قېزىشقا، 70,000 ئادەمنى توشۇغۇچى ئىشچىلىققا، 3600 ئادەمنى نازارەتچىلىككە ئەۋەتتى.

3

ئىبادەتخانىنىڭ سېلىنىشى

1سۇلايمان يېرۇسالېمنىڭ مورىيا تېغىدا پەرۋەردىگار ئۈچۈن سېلىنىدىغان ئىبادەتخانىنىڭ قۇرۇلۇشىنى باشلىدى. ئىبادەتخانىنىڭ ئورنى يىبۇسلۇق ئاراۋنانىڭ خامانلىقىدا بولۇپ، بۇ يەرنى داۋۇت بەلگىلەنگەنىدى. پەرۋەردىگار سۇلايماننىڭ ئاتىسى داۋۇتقا شۇ يەردە زاھىر بولغانىدى.2سۇلايمان ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 4-يىلى 2-ئاينىڭ*2-كۈنى قۇرۇلۇش باشلاندى.
3بۇرۇنقى ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ھېسابلىغاندا، ئۇ ياساتماقچى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 30 مېتىر، كەڭلىكى 10 مېتىر ئىدى.4ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىدىكى ئايۋاننىڭ كەڭلىكى ئىبادەتخانىنىڭ كەڭلىكىگە تەڭ بولۇپ، كەڭلىكى 10 مېتىر، ئېگىزلىكى 10 مېتىر ئىدى. ئىچىنىڭ ھەممە يېرىگە ساپ ئالتۇن قاپلانغانىدى.5ئاساسىي خانا قارىغاي تاختايلىرى بىلەن قاپلىنىپ، ئاندىن ساپ ئالتۇن چاپلىنىپ، ئۈستىگە خورما دەرىخى ۋە ئۆرۈمە تانىلارنىڭ شەكلى ئويۇلغانىدى.6سۇلايمان ئىبادەتخانىنى گۆھەر ۋە پارۋايىمدىن ئەكەلگەن ئالتۇنلار بىلەن بېزەتكۈزدى.7ئىبادەتخانىنىڭ لىم ياغاچلىرى، بوسۇغىلىرى، تاملىرى ۋە ئىشىكلىرىنى ئالتۇن بىلەن قاپلاتقۇزۇپ، تېمىغا كېرۇبلارنىڭ شەكلىنى ئويدۇردى.
8سۇلايمان ئەڭ مۇقەددەس خانىنىمۇ ياساتقۇزدى. خانىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 10 مېتىر، كەڭلىكىمۇ 10 مېتىر بولۇپ، ئىبادەتخانىنىڭ كەڭلىكى بىلەن ئوخشاش ئىدى. خانىنىڭ ئىچىنى 21 توننا ساپ ئالتۇن بىلەن بېزەتكۈزدى.9قېقىلغان مىخلارنىڭ بېشىغا قاپلانغان ئالتۇننىڭ ئېغىرلىقى 600 گىرام ئىدى. يۇقىرىقى خانىلارنىڭ ئىچىنىمۇ ئالتۇن بىلەن بېزەتكۈزدى.10سۇلايمان يەنە ئىككى دانە كېرۇب ھەيكىلىنى ياسىتىپ، ئۇلارنى ئەڭ مۇقەددەس خانىنىڭ ئىچىگە ئورناتتى ۋە ئۇلارنىمۇ ئالتۇن بىلەن قاپلاتتى.12-11 ئىككى كېرۇبنىڭ قاناتلىرىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى جەمئىي 10 مېتىر بولۇپ، ھەربىر قاناتنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئىككى يېرىم مېتىر ئىدى. ھەربىر كېرۇبنىڭ بىر تەرەپتىكى قانىتى ئىبادەتخانا تېمىغا تېگىپ تۇرغان بولۇپ، يەنە بىر قانىتى بىر-بىرىگە تېگىشىپ تۇراتتى.13ئۇلار ئەڭ مۇقەددەس خانىغا يانمۇيان ئۆرە تۇرغۇزۇپ قويۇلغان بولۇپ، يېيىلغان قاناتلىرىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 10 مېتىر ئىدى.14سۇلايمان يەنە نەپىس كەندىر رەختتىن ئەڭ مۇقەددەس خانىغا پەردە تىكتۈرۈپ، ئۈستىگە كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل يۇڭ يىپلار بىلەن كېرۇبلارنى كەشتىلەتتى.
15سۇلايمان يەنە ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىغا ئىككى تۈۋرۈك ئورناتقۇزدى. ئىككى تۈۋرۈكنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 18 مېتىر بولۇپ، ھەربىر تۈۋرۈك ئۈستىگە ئورنىتىلغان تۈۋرۈك بېشىنىڭ ئېگىزلىكى ئىككى يېرىم مېتىر ئىدى.16ئۇ يەنە زەنجىر ياسىتىپ، تۈۋرۈك بېشىغا ئاستۇردى. 100 دانە ئانار ياسىتىپ، زەنجىرنى بېزەتكۈزدى.17بۇ تۈۋرۈكلەر ئىبادەتخانا ئىشىكىنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە بولۇپ، ئوڭ تەرەپتىكىسىگە «ياكىن» [مەنىسى «خۇدا تىكلەيدۇ»]، سول تەرەپتىكىسىگە «بوئاز» [مەنىسى «خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن»] دەپ نام بەردى.


*3: 2 2-ئاي _ مىلادىيە كالېندارى بويىچە 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ.


4

ئىبادەتخانىنىڭ بۇيۇملىرى

1سۇلايمان ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى ئون مېتىر، ئېگىزلىكى بەش مېتىر كېلىدىغان تۇچ بىلەن قاپلانغان قۇربانلىق سۇپىسى ياساتتى.
2ئۇ يەنە كەڭلىكى بەش مېتىر، چوڭقۇرلۇقى ئىككى يېرىم مېتىر، ئايلانمىسى 15 مېتىر كېلىدىغان، «دېڭىز» دەپ ئاتالغان يۇمىلاق شەكىلدىكى تۇچ داڭقان قۇيدۇردى.3تۇچ داڭقاننىڭ گىرۋىكى ئاستىغا ئىككى قۇر بۇقا شەكىللىك نەقىش چىقىرىلغان، ھەر مېتىر ئارىلىققا يىگىرمە بۇقا قۇيۇلغان بولۇپ، ئۇلار داڭقان قۇيۇلغان چاغدىلا بىللە قۇيۇلۇپ چىققانىدى.4داڭقان 12 تۇچ بۇقىلارنىڭ ئۈستىگە قويۇلغانىدى. بۇقىلارنىڭ ئۈچى شىمالغا، ئۈچى غەربكە، ئۈچى جەنۇبقا، ئۈچى شەرققە قارىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قۇيرۇقلىرى ئىچى تەرەپكە قارايتتى.5داڭقاننىڭ قېلىنلىقى سەككىز سانتىمېتىر بولۇپ، گىرۋىكى خۇددى پىيالىنىڭ گىرۋىكىگە ھەم پىيازگۈلنىڭ گۈلىگە ئوخشايتتى. 66 توننا سۇ سىغاتتى.
6سۇلايمان يەنە ئون دانە داس ياسىتىپ، ئۇنىڭ بەشىنى ئىبادەتخانىنىڭ جەنۇبىغا، بەشىنى شىمالىغا قويدۇردى. ئۇلار قۇربانلىق قىلىنىدىغان مالنى يۇيۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلەتتى. تۇچ داڭقاندا روھانىيلار پۇت-قولىنى يۇياتتى.
7سۇلايمان يەنە بېكىتىلگەن لايىھەگە ئاساسەن ئون دانە ئالتۇن چىراغدان ياسىتىپ، ئۇنىڭ بەشىنى ئىبادەتخانىنىڭ تاشقىرى خانىسىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىگە، بەشىنى شىمالىي تەرىپىگە قويغۇزدى.8ئۇ يەنە ئون دانە شىرە ياسىتىپ، بەشىنى ئىبادەتخانىنىڭ تاشقىرى خانىسىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىگە، بەشىنى شىمالىي تەرىپىگە قويغۇزدى. ئۇ يەنە قۇربانلىقنىڭ قېنىنى چاچىدىغانغا يۈز دانە ئالتۇن داس ياساتتى.
9ئۇ، روھانىيلار خىزمەت قىلىدىغان ھويلا بىلەن چوڭ ھويلىنى ياساتتى. چوڭ ھويلىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ قاناتلىرىنى تۇچ بىلەن قاپلاتقۇزدى.10داڭقاننى ئىبادەتخانىنىڭ شەرقىي جەنۇب بۇرجىكىگە ئورۇنلاشتۇرغۇزدى.
11ھۇرام يەنە كۈل ئالىدىغان قاچا، گۈرجەك ۋە داسلارنى ياسىدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا سۇلايمان پادىشاھ ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك بارلىق ئىشلارنى پۈتتۈردى.12ئۇنىڭ ياسىغانلىرى مۇنۇلاردىن ئىبارەت:

ئىككى تۈۋرۈك،

13تۈۋرۈكلەرنىڭ بېشىدىكى قاچا شەكىللىك ئىككى تۈۋرۈك بېشىنى يېپىپ تۇرىدىغان تورسىمان بېزەكلەرگە ئېسىلغان 400 دانە ئانار، (ھەربىر تۈۋرۈكتە ئىككى قۇردىن ئانار بولۇپ، بىر قۇردا 100 دانە ئانار بار ئىدى.)

14ھارۋا، ھارۋا ئۈستىدىكى تۇچ داس،

15داڭقان ۋە ئۇنىڭ ئاستىدىكى ئون ئىككى بۇقا،

16قاچا، گۈرجەك ۋە ئارا.

سۇلايمان پادىشاھنىڭ تەلىپى بىلەن ھۇرام پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ياسىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى پارقىراق تۇچتىن ياساپ چىقتى.
17پادىشاھ بۇلارنى ئىئوردان تۈزلەڭلىكىدە، سۇككوت بىلەن زارىتاننىڭ ئوتتۇرىسىدا سېغىز لاي قېلىپلاردا قۇيدۇرۇپ ياساتتى.18سۇلايمان ياساتقان نەرسىلەر بەك كۆپ بولغاچقا، ئىشلىتىلگەن تۇچلارنىڭ ئېغىرلىقى ھېسابلانمىدى.
19سۇلايمان يەنە خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا كېرەكلىك بارلىق بۇيۇملارنى ياساتقۇزدى. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

ئالتۇن ئىسرىقدان،

20ساپ ئالتۇن چىراغدانلار ۋە چىراغلار، (بېكىتىلگەن لايىھەگە ئاساسەن چىراغلار ئىچكىرى خانىنىڭ ئالدىدا يېنىپ تۇرۇشى كېرەك ئىدى.)

21ساپ ئالتۇندىن ياسالغان چىراغدانلارنىڭ گۈللۈك نەقىشلىرى، چىراغلار، پىلىك قىسقۇچلار،

22ساپ ئالتۇندىن ياسالغان پىلىك قايچىسى، داس، ئىسرىق تەخسىسى ۋە چوغدانلار،

ئەڭ مۇقەددەس جاي بولغان ئىچكىرى خانىنىڭ ۋە تاشقىرى خانىنىڭ كىرىش ئېغىزلىرىدىكى ئالتۇن ئىشىكلەر.

5

1شۇنداق قىلىپ سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قۇرۇپ چىقىش ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى تاماملىدى. سۇلايمان پادىشاھ ئاتىسى داۋۇتنىڭ پەرۋەردىگارغا ئاتىغان ئالتۇن-كۈمۈش ۋە باشقا بۇيۇملىرىنىڭ ھەممىسىنى ئەكەلدۈرۈپ، خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ خەزىنىلىرىگە قويدى.

ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئىبادەتخانىغا ئېلىپ كېلىنىشى

2سۇلايمان پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى «داۋۇت شەھىرى»دىن، يەنى سىئوندىن ئىبادەتخانىغا يۆتكەپ ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن، ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىنى، يەنى ھەرقايسى قەبىلە ۋە جەمەت باشلىقلىرىنىڭ ھەممىسىنى يېرۇسالېمدا جەم بولۇشقا بۇيرۇدى.3شۇ سەۋەبتىن پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى باش كۈزدىكى كەپە تىكىش ھېيتىدا پادىشاھنىڭ ئالدىغا جەم بولدى.
5-4 ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىنىڭ ھەممىسى كەلگەندىن كېيىن، لاۋىيلار ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ چىقتى. لاۋىيلار بىلەن روھانىيلار بىرلىكتە ئۇچرىشىش چېدىرىنى ۋە چېدىر ئىچىدىكى بارلىق مۇقەددەس بۇيۇملارنى يۆتكىدى.6سۇلايمان پادىشاھ ۋە پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا جەم بولۇپ، نۇرغۇنلىغان قوي ۋە كالىلارنى قۇربانلىق قىلىشتى. قۇربانلىقلارنىڭ سانى ھېسابسىز بولۇپ، سانىنى ئېلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
7ئاندىن روھانىيلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئۆز جايىغا، يەنى ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكىرىكى قىسمىدىكى ئەڭ مۇقەددەس خانىغا ئېلىپ كىرىپ، ئىككى كېرۇبنىڭ قانىتى ئاستىغا قويدى.8كېرۇبلارنىڭ قاناتلىرى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۈستىدە يېيىلىپ، ئەھدە ساندۇقى بىلەن ئۇنى كۆتۈرىدىغان بالداقلارنى يېپىپ تۇراتتى.9ئەھدە ساندۇقىنىڭ بالداقلىرى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇچىنى ئىچكىرى خانىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، كۆرگىلى بولاتتى، لېكىن سىرتتىن كۆرۈنمەيتتى. ئەھدە ساندۇقى تاكى ھازىرغىچە شۇ يەردە تۇرماقتا.10ئەھدە ساندۇقى ئىچىدە مۇسا سىناي تېغىدا سېلىپ قويغان ئىككى تاش تاختىدىن باشقا ھېچ نەرسە يوق ئىدى. ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار شۇ تاغدا ئۇلار بىلەن ئەھدە تۈزگەنىدى.
11روھانىيلار مۇقەددەس جايدىن قايتىپ چىقىشتى. بارلىق روھانىيلار مەيلى قايسى توپتىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەممىسى ئۆزلىرىنى پاكلىغانىدى.12نەغمىچى لاۋىيلارنىڭ ھەممىسى، يەنى ئاساف، ھېمان، يىدۇتۇن ۋە ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرى، تۇغقانلىرى نەپىس كەندىر رەختتىن تىكىلگەن تون كىيىشىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ شەرقىدە تۇرۇشاتتى. ئۇلارنىڭ قوللىرىدا جاڭ، چىلتار، لىرا بار ئىدى. 120 نەپەر كاناي چالىدىغان روھانىيلار ئۇلارنىڭ يېنىدا ئىدى .13نەغمىچىلەر پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىپ، مەدھىيە ئوقۇغان ۋاقتىدا كاناي، جاڭ ۋە باشقا سازلار بىرلىكتە تەڭكەش قىلىنىپ، ئۆزئارا ماسلاشقانىدى. ئۇلار ناخشا ئېيتىپ: «پەرۋەردىگار شاپائەتلىكتۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر» دەپ مەدھىيەلىشىۋاتاتتى. دەل شۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى بۇلۇت بىلەن تولغانىدى.14بۇلۇت، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى ئىبادەتخانىنى قاپلىغاچقا، روھانىيلار ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالماي قالغانىدى.

6

سۇلايمان پادىشاھنىڭ خەلققە سۆز قىلىشى

1بۇ چاغدا سۇلايمان پادىشاھ:
_ ئى پەرۋەردىگار، سەن قويۇق قارا بۇلۇتلار ئىچىدە تۇرىمەن دېگەنىدىڭ.
2بۈگۈن مەن ساڭا ئاتاپ، مەڭگۈلۈك تۇرۇشۇڭ ئۈچۈن ھەيۋەتلىك بىر ئىبادەتخانا سالدىم، _ دەپ دۇئا قىلدى.
3ئاندىن سۇلايمان پادىشاھ بۇرۇلۇپ، ئۆرە تۇرغان پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتىگە قاراپ، ئۇلارغا بەخت تىلىدى ۋە مۇنداق دېدى:
4_ ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇداغا ھەمدۇسانالار بولسۇن! ئۇ ئۆز ئاغزى بىلەن ئاتام داۋۇتقا بەرگەن ۋەدىسىنى بۈگۈن ئۆز قۇدرىتى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇردى.5ئۇ ئاتامغا: «مەن ئۆز خەلقىمنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان كۈندىن بۇيان، نام-شەرىپىم ئۈچۈن ئىبادەتخانا سېلىشقا ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ شەھەرلىرىدىن ھېچقايسىسىنى تاللىمىغانىدىم. خەلقىم ئىسرائىللار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ئادەمنىمۇ تاللىمىدىم.6ئەمدى مەن ‹مېنىڭ ئۆيۈم مۇشۇ يەردە بولسۇن› دەپ يېرۇسالېمنى تاللىدىم، خەلقىم ئىسرائىللار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا سېنى تاللىدىم» دېگەنىدى.7ئاتام داۋۇتنىڭ، ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدانىڭ نامىغا ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا سالدۇرۇش نىيىتى بار ئىدى.8ئەمما پەرۋەردىگار ئاتام داۋۇتقا: «مېنىڭ نامىمغا ئاتاپ ئىبادەتخانا سېلىش نىيىتىدە بولغىنىڭ ياخشى ئىش،9لېكىن ئىبادەتخانىنى سەن ئەمەس، بەلكى سېنىڭ ئۆز پۇشتۇڭدىن بولغان ئوغلۇڭ سالىدۇ» دېگەنىدى.10ھازىر پەرۋەردىگار ئۆز ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. مەن پەرۋەردىگار ئېيتقاندەك، ئاتام داۋۇتنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ تەختىدە ئولتۇردۇم، ھەمدە بىز ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ نامىغا ئاتاپ بۇ ئىبادەتخانىنى سالدۇردۇم.11ئىبادەتخانىغا ئەھدە ساندۇقىنى قويۇپ قويدۇم. مانا ئەھدە ساندۇقىدا پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدىسى، يەنى ئۇنىڭ ئىسرائىللار بىلەن تۈزگەن ئەھدىسى تۇرۇپتۇ.

ئىبادەتخانىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاش دۇئاسى

13-12 سۇلايمان پادىشاھ ئىبادەتخانا ھويلىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى ئىككى يېرىم مېتىر، ئېگىزلىكى بىر يېرىم مېتىر كېلىدىغان تۇچتىن بىر سۇپا ياساتتى. ئۇ سۇپىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىغا يۈزلىنىپ، پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتىنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ تۇرۇپ، قوللىرىنى كۆككە كۆتۈرۈپ،14مۇنداق دۇئا قىلدى:
_ ئى پەرۋەردىگار، يەنى بىز ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، ئاسمان ۋە زېمىندا ساڭا تەڭداش بولالايدىغان باشقا ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر. چىن قەلبىدىن سېنىڭ يولۇڭدا ماڭغان خىزمەتكارلىرىڭغا ئەھدەڭدە تۇرۇپ، ساداقىتىڭنى كۆرسىتىسەن.
15سەن خىزمەتكارىڭ ئاتام داۋۇتقا بەرگەن ۋەدەڭدە تۇردۇڭ، ئۆز ئاغزىڭ بىلەن قىلغان ۋەدەڭنى مانا بۈگۈن ئۆز قۇدرىتىڭ بىلەن بەجا كەلتۈردۈڭ.
16ئى پەرۋەردىگار، يەنى بىز ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، سەن خىزمەتكارىڭ ئاتام داۋۇتقا: «سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ ئۆزىنىڭ ئىش-ئەمەللىرىگە دىققەت قىلىپ، سەن مېنىڭ ئەمرلىرىم بويىچە قۇسۇرسىز يۈرگەندەك توغرا يولدا يۈرسە، مېنىڭ ئالدىمدا، ئىسرائىلىيە تەختىدە ئولتۇرۇشقا ئەۋلادىڭدىن ئادەم كەم بولمايدۇ» دەپمۇ ئېيتقانىدىڭ. ئەمدى ئاتامغا قىلغان بۇ ۋەدەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرغايسەن.17ئى پەرۋەردىگار، يەنى بىز ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، خىزمەتكارىڭ بولغان داۋۇتقا بەرگەن ۋەدەڭنى ئادا قىلىشىڭنى ئۆتۈنىمەن!18ئى خۇدا، سەن راستتىنلا ئىنسانلار بىلەن بىرگە زېمىندا تۇرامسەن؟ سەن ئاسمان، ھەتتا ئەرشئەلاغا پاتمىغان يەردە، ئەجەبا، مەن سالغان بۇ ئىبادەتخانىغا پاتارسەنمۇ؟ ياق!19شۇنداقتىمۇ، ئى پەرۋەردىگارىم خۇدا، خىزمەتكارىڭنىڭ دۇئا ۋە ئىلتىجاسىغا قۇلاق سالغايسەن، خىزمەتكارىڭنىڭ سېنىڭ ئالدىڭدا قىلغان نىداسى ۋە نالىسىنى ئاڭلىغايسەن!20سەن: «مۇشۇ يەردە ياشايمەن» دەپ ئېيتقان بۇ ئىبادەتخانىغا كېچە-كۈندۈز كۆزلىرىڭنى تىككەيسەن. خىزمەتكارىڭنىڭ بۇ يەرگە يۈزلىنىپ تۇرۇپ قىلغان دۇئاسىغا قۇلاق سالغايسەن!21خىزمەتكارىڭ ۋە ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىللار بۇ يەرگە قاراپ دۇئا قىلغان ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ ئىلتىجالىرىغا قۇلاق سالغايسەن. دەرگاھىڭ بولغان ئەرشتە تۇرۇپ ئاڭلىغايسەن ۋە گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگەيسەن.
22ئەگەر بىر ئادەم قوشنىسىغا يامانلىق قىلدى، دەپ ئەيىبلەنسە ۋە ئۇ ئادەم ئۆزىنىڭ گۇناھسىزلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن قەسەم ئىچىشكە مەجبۇرلىنىپ، بۇ ئىبادەتخانىغا كېلىپ، سېنىڭ قۇربانلىق سۇپاڭ ئالدىدا قەسەم ئىچسە،23سەن ئەرشتە تۇرۇپ ئاڭلاپ، ھەرىكەت قىلغايسەن ۋە خىزمەتكارىڭ ئۈستىدىن ئادىل ھۆكۈم چىقارغايسەن. گۇناھكارنى جازالاپ، ئۇنىڭ قىلغىنىنى ئۆز بېشىغا قايتۇرغايسەن. بىگۇناھ كىشىگە ئۆز ھەققانىيىتىگە يارىشا ھەققىنى بەرگەيسەن.
24ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىللار سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھ قىلغانلىقى ئۈچۈن دۈشمەنلىرىدىن يېڭىلسە، ئاخىر يەنە قايتىپ، نامىڭنى ئۇلۇغلاپ، بۇ ئىبادەتخانىدا تۇرۇپ، دۇئا قىلىپ، سېنىڭ رەھىم قىلىشىڭنى تىلىسە،25ئەرشتە تۇرۇپ ئاڭلاپ، ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىللارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈپ، ئۇلارنى سەن ئاتا-بوۋىلىرىغا ۋە ئۇلارغا بەرگەن زېمىنغا قايتۇرۇپ ئەكەلگەيسەن.
26ئۇلار سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھ قىلغانلىقىدىن ئاسمانلار يېپىلىپ، يامغۇر ياغمىسا، ئۇلار بۇ ئىبادەتخانىغا يۈزلىنىپ، ساڭا دۇئا قىلىپ، نامىڭنى ئۇلۇغلاپ، مۈشكۈللۈكتە قالدۇرغانلىقىڭ ئۈچۈن، ئۆز گۇناھلىرىغا توۋا قىلىپ، گۇناھ قىلىشتىن ساقلانسا،27دۇئالىرىغا ئەرشتە تۇرۇپ قۇلاق سېلىپ، خىزمەتكارلىرىڭنىڭ، يەنى ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىللارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈپ، ئۇلارغا ماڭىدىغان دۇرۇس يولنى كۆرسىتىپ بەرگەيسەن. ئۆز خەلقىڭگە تەقسىم قىلىپ بەرگەن زېمىنغا شەپقەت قىلىپ، يامغۇر ياغدۇرغايسەن.
28ئەگەر بۇ زېمىندا ئاچارچىلىق بولۇپ، ۋابا تارقىلىپ، زىرائەتلەر ئىسسىق شامالدىن قۇرۇپ، نەم شامالدىن كۆكىرىپ كەتسە، چېكەتكە چۈشۈپ، قۇرت يامراپ كەتسە، ياكى دۈشمەنلەر ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىنى قورشىۋالسا، مەيلى قانداق ئاپەتكە دۇچار بولسا ياكى كېسەل تارقالسا،29ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىللار ئىچىدىن مەيلى كىم بولسۇن، ئاغرىق ۋە ئازاب ھېس قىلىپ، بۇ ئىبادەتخانىغا قاراپ، قوللىرىنى كۆتۈرۈپ، ئىلتىجا قىلىپ دۇئا قىلسا،30ئەرشتىكى دەرگاھىڭدا تۇرۇپ ئاڭلاپ، گۇناھلىرىنى كەچۈرۈم قىلغايسەن ۋە ھەربىر كىشىنىڭ قەلبىگە ۋە تۇتقان يولىغا يارىشا مۇئامىلە قىلغايسەن، چۈنكى سەنلا ئىنسانلارنىڭ قەلبىنى بىلىسەن.31ئۇلارنىڭ سەن ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا ئاتا قىلغان زېمىندا تۇرۇپ، ئۆمۈر بويى سەندىن ئەيمىنىپ، سېنىڭ يولۇڭدا مېڭىشى ئۈچۈن شۇنداق قىلغايسەن.
32ئۆز خەلقىڭ بولغان ئىسرائىللارغا تەۋە بولمىغان يات خەلقلەر ئۇلۇغ نامىڭ ۋە ھەممىگە قادىر قۇدرەتلىك قولۇڭ ئۈچۈن يىراق يۇرتلاردىن بۇ ئىبادەتخانىغا كېلىپ، دۇئا قىلسا،33ئەرشتىكى دەرگاھىڭدا تۇرۇپ، قۇلاق سېلىپ، ئۇلارنىڭ ساڭا قىلغان بارلىق ئىلتىجالىرىنى ئىجابەت قىلغايسەن. يەر يۈزىدىكى بارلىق خەلقلەرنى ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىللارغا ئوخشاش نامىڭنى بىلىدىغان، سەندىن ئەيمىنىدىغان ۋە مەن سالغان بۇ ئىبادەتخانىنىڭ سېنىڭ نامىڭغا بېغىشلانغانلىقىنى بىلىدىغان قىلغايسەن.
34ئەگەر سەن ئۆز خەلقىڭنى دۈشمەنلىرىگە قارشى جەڭ قىلىشقا نەگىلا ئەۋەتسەڭ، ئۇلار سەن تاللىغان بۇ شەھەرگە ۋە مەن سېنىڭ نامىڭغا ئاتاپ سالغان بۇ ئىبادەتخانىغا قاراپ ساڭا دۇئا قىلسا،35ئەرشتە تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ دۇئا ۋە ئىلتىجالىرىغا قۇلاق سېلىپ، ئادالىتىڭنى كۆرسەتكەيسەن.
36ئۇلار ساڭا گۇناھ قىلغانلىقىدىن (گۇناھ قىلمايدىغان ئىنسان يوق) غەزىپىڭگە ئۇچراپ، دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالسا، دۈشمەنلەر ئۇلارنى مەيلى يىراق، ياكى يېقىن بولسۇن باشقا ئەلگە تۇتقۇن قىلىپ ئېلىپ كەتسە،37ئۇلار تۇتقۇن قىلىنىپ ئېلىپ كېتىلگەن يات ئەلدە ھوشىنى تېپىپ، توۋا قىلىپ، ساڭا: «بىز گۇناھ قىلدۇق، بىز خاتالاشتۇق، بىز يامانلىق قىلدۇق» دەپ رەھىم قىلىشىڭنى تىلەپ،38ئۆزلىرى تۇتقۇن قىلىنغان يات ئەلدە چىن قەلبى ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ساڭا يۈزلىنىپ، سەن ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىغا ئاتا قىلغان زېمىن تەرەپكە تىكىلىپ، سەن تاللىغان بۇ شەھەر ۋە مەن سېنىڭ نامىڭغا ئاتاپ سالدۇرغان بۇ ئىبادەتخانا تەرەپكە قاراپ، دۇئا قىلسا،39سەن ئەرشتىكى دەرگاھىڭدا ئۇلارنىڭ دۇئاسى ۋە ئىلتىجالىرىغا قۇلاق سېلىپ، ئۇلارغا رەھىمدىل بولۇپ، ساڭا قارشى گۇناھ قىلغان خەلقىڭنى كەچۈرگەيسەن.
40ئى خۇدايىم، بىزگە نەزىرىڭنى ئاغدۇرۇپ، مۇشۇ جايدىن قىلىنغان دۇئاغا قۇلاق سالغايسەن.
41ئى پەرۋەردىگار خۇدا، مەرھەمەت ئىبادەتخاناڭغا _42ئى پەرۋەردىگار خۇدا، رەت قىلمىغىن ئۆزۈڭ تاللىغان پادىشاھىڭنى،

7

1سۇلايمان دۇئا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئاسماندىن ئوت چۈشۈپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار بىلەن باشقا قۇربانلىقلارنى كۆيدۈرۈۋەتتى. پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى ئىبادەتخانىغا تولدى.2ئىبادەتخانىغا تولغان پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرىدىن روھانىيلار ئىبادەتخانىغا كىرەلمەي قالدى.3بارلىق ئىسرائىللار ئوتنىڭ چۈشكەنلىكىنى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرىنىڭ ئىبادەتخانىنىڭ ئۈستىدە تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، باشلىرىنى تاش ياتقۇزۇلغان يەرگە تەگكۈزۈپ، سەجدە قىلىشتى ۋە «پەرۋەردىگار شاپائەتلىكتۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر» دەپ شۈكۈر ئېيتىشتى.

ئىبادەتخانىدا قىلىنغان تۇنجى قۇربانلىقلار

4ئاندىن كېيىن پادىشاھ ۋە بارلىق خەلق پەرۋەردىگار ئالدىدا قۇربانلىقلارنى تەقدىم قىلدى.5سۇلايمان پادىشاھنىڭ تەقدىم قىلغان قۇربانلىقى 22 مىڭ تۇياق كالا، 120 مىڭ تۇياق قوي بولدى. شۇنداق قىلىپ پادىشاھ ۋە پۈتكۈل خەلق ئىبادەتخانىنى خۇداغا بېغىشلىدى.6روھانىيلار ئۆزلىرىنىڭ بەلگىلەنگەن جايلىرىدا تۇرۇپ، كاناي چالاتتى. لاۋىيلار ئۇلارنىڭ ئۇدۇلىدا تۇرۇشۇپ، پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەش ئۈچۈن تەييارلانغان سازلارنى تۇتۇپ تۇراتتى. داۋۇت پادىشاھ بۇ سازلارنى پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىش ئۈچۈن ياساتقانىدى. لاۋىيلار بۇ سازلار بىلەن «پەرۋەردىگارنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر» دەپ مەدھىيە ئوقۇغانىدى. پۈتۈن خەلق ئۆرە تۇراتتى.7سۇلايمان تۇچ بىلەن قاپلاپ ياساتقان قۇربانلىق سۇپىسىغا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرىنىڭ يېغى پاتماي قالغانىدى، شۇڭا سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئالدىدىكى، ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يەرنى مۇقەددەس يەر قىلىپ بەلگىلەپ، ئۇلارنى شۇ يەردە كۆيدۈردى.
8شىمالدىكى لىبو-خامات شەھىرىدىن تارتىپ تاكى جەنۇبتىكى مىسىر چېگراسىدىكى دەرياغىچە بولغان ئارىلىقتىن كېلىپ توپلانغان پۈتكۈل ئىسرائىللار ناھايىتى زور جامائەت بولدى. سۇلايمان پادىشاھ ئۇلار بىلەن بىرلىكتە يەتتە كۈن كەپە تىكىش ھېيتىنى ئۆتكۈزدى.9ئاندىن ئەتىسى ئۇلار يېپىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ئۇلار قۇربانلىق سۇپىسىنى پەرۋەردىگارغا بېغىشلاش مۇراسىمىنى يەتتە كۈن ئۆتكۈزۈپ، يەنە يەتتە كۈن كەپە تىكىش ھېيتى قىلغانىدى.
10‏ 7-ئاينىڭ 23-كۈنى*سۇلايمان جامائەتنى ئۆيلىرىگە قايتۇردى. جامائەت پەرۋەردىگارنىڭ داۋۇت، سۇلايمان ۋە ئۆز خەلقى بولغان ئىسرائىللارغا كۆرسەتكەن شاپائىتىدىن تولىمۇ سۆيۈندى ۋە خۇرسەن بولدى.

پەرۋەردىگارنىڭ سۇلايمانغا يەنە زاھىر بولۇشى

11سۇلايمان پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى ۋە پادىشاھلىق ئوردىسىنى پۈتتۈردى. ئۇ، ئىبادەتخانا ۋە ئوردا قۇرۇلۇشىدا ئارمان قىلىپ كەلگەن ھەممە ئىشنى ئوڭۇشلۇق ئەمەلگە ئاشۇردى.12پەرۋەردىگار سۇلايمانغا بىر كۈنى كەچتە زاھىر بولۇپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:
_ سېنىڭ قىلغان دۇئايىڭنى ئاڭلىدىم. مەن بۇ جاينى ئۆزۈمگە قۇربانلىق قىلىدىغان ئۆي قىلىپ تاللىدىم.
13ئەگەر مەن ئاسمانلارنى يېپىپ، يامغۇر ياغدۇرمىسام ياكى چېكەتكە ئەۋەتىپ، زېمىندىكى زىرائەتلەرنى يېگۈزسەم ياكى خەلقىم ئارىسىغا ۋابا چۈشۈرسەم،14ماڭا مەنسۇپ بولغان خەلقىم گۇناھىنى تونۇپ، دۇئا قىلىپ، مېنىڭ دىدارىمغا ئىنتىلسە، يامان يولدىن يانسا، ئۇنداقتا مەن ئەرشتە تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈپ، زېمىنىغا شاپائەت قىلىمەن.15ئەمدى مۇشۇ جايدىن قىلىنغان دۇئاغا كۆزۈم ۋە قۇلىقىم ئوچۇق بولىدۇ.16مەن بۇ يەرنى مېنىڭ ئۆيۈم بولسۇن دەپ تاللاپ، ئۆز نام-شەرىپىم ئۈچۈن مەڭگۈلۈك مۇقەددەس قىلدىم. كۆزۈم ۋە قەلبىم ھەمىشە مۇشۇ يەردە بولىدۇ.17ئەگەر سەن ئالدىمدا ئاتاڭ داۋۇتقا ئوخشاش ئىش-ئەمەللەرنى قىلساڭ، ئەمرلىرىمنىڭ ھەممىسىگە ئىخلاس قىلىپ، قانۇن-نىزاملىرىمغا ئەمەل قىلساڭ،18ئاتاڭ داۋۇتقا: «ئىسرائىللارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭدىن ئادەم كەم بولمايدۇ» دېگىنىمدەك، سېنىڭ تەختىڭنى مۇستەھكەم قىلىمەن.
19ئەمما سىلەر مەندىن يۈز ئۆرۈپ، مېنىڭ يولۇمنى تۇتمىساڭلار، سىلەرگە بېكىتكەن قانۇن-نىزاملىرىمنى تەرك ئەتسەڭلار، ساختا ئىلاھلارنىڭ يولىدا مېڭىپ، ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە بولساڭلار ۋە ئۇلارغا چوقۇنساڭلار،20مەن سىلەرنى سىلەرگە بەرگەن بۇ زېمىندىن يۇلۇۋېتىمەن، ھەتتا ئۆز نام-شەرىپىم ئۈچۈن مۇقەددەس قىلغان بۇ ئىبادەتخانىنىمۇ كۆزۈمدىن يوقىتىمەن. ئۇ جىمى خەلقلەر ئالدىدا ئىزا-ئاھانەت ۋە كۈلكىگە قالىدۇ.21ھازىر ئۇلۇغلىنىۋاتقان بۇ ئىبادەتخانا شۇ ۋاقىت كەلگەندە، ئۆتكەن-كەچكەنلەرنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئۇلار: «پەرۋەردىگار نېمىشقا بۇ زېمىننى ۋە ئىبادەتخانىنى بۇ ھالغا كەلتۈرۈپ قويغاندۇ؟» دەپ سورىشىدۇ.22كىشىلەر: «چۈنكى ئۇلار، ئاتا-بوۋىلىرى ئېتىقاد قىلغان ۋە ئۇلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگارى خۇدادىن ۋاز كېچىپ، ساختا ئىلاھلارغا ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقان ۋە ئۇلارغا چوقۇنغان، شۇڭا پەرۋەردىگار بۇ پۈتكۈل بالايىئاپەتنى ئۇلارنىڭ بېشىغا ياغدۇرغان» دەپ جاۋاب بېرىشىدۇ.


*7: 10 7-ئاي _ مىلادىيە كالېندارى بويىچە 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ.


8

سۇلايمان پادىشاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقى

1سۇلايمان پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى بىلەن ئۆزىنىڭ ئوردىسىنى سالدۇرۇشقا 20 يىل سەرپ قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن،2سۇلايمان تىر پادىشاھى ھىرام بەرگەن شەھەرلەرنى مۇستەھكەملەپ، ئۇلارغا ئىسرائىللارنى ئورۇنلاشتۇردى.3سۇلايمان خامات-زوباھ پادىشاھلىقىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى ئىشغال قىلدى.4ئۇ چۆلگە جايلاشقان تادمور ۋە ئۆزى بۇرۇن ئامبار قۇرغان خاماتتىكى ھەممە شەھەرلەرنى مۇستەھكەملىدى.5سۇلايمان پادىشاھ ئۈستۈن بەيت-خورون ۋە ئاستىن بەيت-خورون شەھەرلىرىنىڭ سېپىللىرىنى كېڭەيتىپ قۇردى ۋە ئۇلارغا بالداقلىق دەرۋازىلارنى ئورنىتىپ، مۇستەھكەملىدى.6ئۇ يەنە بائالات شەھىرىنى مۇستەھكەملىدى. ئۇ يەنە ئامبارلىرى، جەڭ ھارۋىلىرى، ھارۋىلىق لەشكەرلىرى جايلاشقان شەھەرلەرنى مۇستەھكەملىدى ھەمدە يېرۇسالېمدا، لىۋان تاغلىرىدا ۋە ئۆزى ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ھەرقايسى جايلاردا نېمىنى قۇرۇشنى خالىسا، شۇنى قۇردى.
7سۇلايمان ئىسرائىللاردىن بولمىغان خىتلار، ئامورلار، پەرىززىلەر، خىۋلار ۋە يىبۇسلاردىن قېلىپ قالغانلارنى ھاشارغا تۇتتى.8ئىسرائىللار ئۇلارنى يوقىتىۋەتمىگەنلىكتىن، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ بىر قىسمى ھېلىمۇ شۇ زېمىندا ياشىماقتا ئىدى. سۇلايمان پادىشاھ ئۇلارنى ھاشارغا سالغان بولۇپ، ئۇلار تاكى ھازىرغىچە ھاشارچى بولۇپ ياشىماقتا.9سۇلايمان پادىشاھ ئىسرائىللارنى قۇرۇلۇش ئۈچۈن ھاشارغا سالماي، ئۆزىگە لەشكەر، لەشكەر بېشى، جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ سەركەردىلىرى ۋە ھارۋىلىق لەشكەرلىرى قىلدى.10سۇلايمان پادىشاھنىڭ خەلقلەرنى نازارەت قىلىدىغان 250 نەپەر ئەمەلدارلىرى بار ئىدى.
11سۇلايمان ئايالى بولغان پىرئەۋننىڭ قىزىنى «داۋۇت شەھىرى»دىن ئۇنىڭ ئۈچۈن سالدۇرغان سارايغا كۆچۈرۈپ كەلدى. چۈنكى سۇلايمان: «‹داۋۇت شەھىرى› پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ساقلانغان مۇقەددەس جايدۇر، شۇڭا ئايالىم ئىسرائىلىيە پادىشاھى داۋۇتنىڭ ئوردىسىدا تۇرسا بولمايدۇ،» دېدى.
12سۇلايمان ئىبادەتخانىنىڭ ئايۋانى ئالدىدا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سالدۇرغان قۇربانلىق سۇپىسىدا پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق تەقدىم قىلدى.13مۇسانىڭ بېكىتكىنى بويىچە دەم ئېلىش كۈنلىرى، يېڭى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنلىرى، ئۈچ ھېيتتا، يەنى پېتىر نان ھېيتى، ئورما ھېيتى، كەپە تىكىش ھېيتىدا قۇربانلىق قىلىدىغان بولدى.14سۇلايمان ئاتىسى داۋۇتنىڭ ھايات ۋاقتىدا بۇيرۇغىنى بويىچە روھانىيلارغا خىزمەت تەقسىملىدى ۋە لاۋىيلارنىڭ خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى بەلگىلىدى. لاۋىيلار مەدھىيە ئوقۇيدىغان ۋە روھانىيلارنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىگە ياردەمدە بولىدىغان بولدى. دەرۋازىۋەنلەرنى ھەر كۈنلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرى بويىچە ھەرقايسى دەرۋازىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ چىقتى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى داۋۇت بەلگىلىگەنىدى.15داۋۇت پادىشاھنىڭ روھانىيلار، لاۋىيلار، شۇنداقلا ئامبار ۋە باشقا خىزمەتلەر ھەققىدىكى كۆرسەتمىلىرىنىڭ ھەممىسى شۇ بويىچە ئىجرا قىلىندى.16پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئۇل قويغاندىن باشلاپ تاكى قۇرۇلۇش تاماملانغۇچە بولغان ئارىلىقتىكى سۇلايماننىڭ نىيەت قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى ئوڭۇشلۇق ئەمەلگە ئاشتى. شۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى پۈتتى.
17شۇ چاغلاردا سۇلايمان يەنە ئىدومدىكى قىزىل دېڭىز بويىدىكى ئەزيون-گەبەر ۋە ئېلاتقا باردى.18‏ ھىرام پادىشاھ ئەمەلدارلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كېمىلىرى ۋە تەجرىبىلىك دېڭىزچىلىرىنى سۇلايمان پادىشاھنىڭ ئادەملىرى بىلەن بىرگە ئوفىر زېمىنىغا ئەۋەتتى. ئۇلار ئۇ يەرگە بېرىپ، 15 توننا ئالتۇننى سۇلايمان پادىشاھقا ئېلىپ كەلدى.

9

شىبانىڭ ئايال پادىشاھىنىڭ زىيارىتى

1شىبانىڭ ئايال پادىشاھى سۇلايمان پادىشاھنىڭ داڭ چىقارغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنى قىيىن سوئاللار بىلەن سىناپ بېقىش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا زىيارەتكە كەلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ نۇرغۇن ھەمراھلىرىنى ئېلىپ، تۆگىلەرگە ئىنتايىن كۆپ خۇشبۇي ئەشيالار، ئالتۇن ۋە ئېسىل تاشلارنى ئارتىپ، يېرۇسالېمغا كەلگەنىدى. ئۇ سۇلايمان پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن كۆڭلىگە پۈكۈپ قويغان قىيىن سوئاللارنىڭ ھەممىسىنى سورىدى.2سۇلايمان ئۇنىڭ سوئاللىرىنىڭ ھەممىسىگە جاۋاب بەردى، ئۇنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىشتە بىرەر قېتىممۇ قىينالمىدى.3شىبانىڭ ئايال پادىشاھى سۇلايماندىكى دانالىق ۋە ئۇ قۇرغان ئوردا-سارايلار،4شىرەگە تىزىلغان نازۇنېمەتلەر، ئەمەلدارلارنىڭ ئۆز مەنسەپلىرى بويىچە ئولتۇرۇشلىرى، خىزمەتكارلارنىڭ كۈتۈشلىرى، ئۇلارنىڭ كىيىنىشلىرى، پادىشاھنىڭ ساقىيلىرى، ئۇلارنىڭ كىيىنىشلىرى ۋە سۇلايمان پادىشاھنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا سۇنغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىنى كۆرۈپ، ناھايىتى ھەيران قالدى ۋە5پادىشاھقا مۇنداق دېدى:
_ مەن ئۆز مەملىكىتىمدە ئۆزلىرى قىلغان ئىشلار ۋە دانالىقلىرى توغرۇلۇق ئاڭلىغانلىرىم راست ئىكەن.
6مەن ئىلگىرى خەلقلەرنىڭ بۇ گەپلىرىگە ئانچە ئىشەنمەپتىكەنمەن، بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىنلا ئاڭلىغانلىرىمنىڭ ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنلىرىمنىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمەيدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ دانالىقلىرىنىڭ ئاڭلىغانلىرىمدىن كۆپ زىيادە ئىكەنلىكىنى بىلدىم.7ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە يانلىرىدىكى خىزمەتكارلىرى ھەمىشە ئالدىلىرىدا تۇرۇپ، ھېكمەتلىرىنى ئاڭلىيالايدىكەن، ئۇلار نەقەدەر بەختلىك-ھە!8پەرۋەردىگارلىرى خۇداغا ھەمدۇسانالار بولسۇن! پەرۋەردىگار ئۆزلىرىدىن سۆيۈنۈپ، سىلىنى ئۆز ۋەكىلى سۈپىتىدە تەختىگە ئولتۇرغۇزغانىكەن. خۇدالىرىنىڭ ئىسرائىللارغا بولغان مۇھەببىتى مەڭگۈلۈك ئىكەن. ئۇ ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ مەڭگۈلۈك بولۇشى، سىلىنىڭ ئادىل ۋە ھەققانىيلىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىشلىرى ئۈچۈن سىلىنى ئۇلارنىڭ پادىشاھى قىلىپ تىكلىگەنىكەن.
9شىبانىڭ ئايال پادىشاھى سۇلايمان پادىشاھقا تۆت توننا ئالتۇن، نۇرغۇنلىغان خۇشبۇي ئەشيالار ۋە ئېسىل تاشلارنى تەقدىم قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، سۇلايمان پادىشاھقا شىبانىڭ ئايال پادىشاھى تەقدىم قىلغاندەك، ئۇنچىلىك يۇقىرى سۈپەتلىك خۇشبۇي ئەشيالارنى ھېچكىم تەقدىم قىلىپ باقمىدى.
10بۇنىڭدىن باشقا، ھىرام پادىشاھنىڭ ۋە سۇلايماننىڭ ئوفىردىن ئالتۇن ئېلىپ كېلىدىغان ئادەملىرى يەنە ئېسىل ياغاچ ۋە تاشلارنى ئېلىپ كەلدى.11سۇلايمان پادىشاھ ئاشۇ ئېسىل ياغاچتىن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ۋە ئۆز ئوردىسىنىڭ پەلەمپەيلىرىنى ھەم ناخشىچىلار ئۈچۈن لىرا ۋە چىلتارلارنى ياساتقۇزدى. بۇنىڭدىن بۇرۇن يەھۇدىيە زېمىنىدا ھېچكىم بۇنداق ئېسىل پەلەمپەي ۋە سازلارنى كۆرۈپ باقمىغانىدى.
12سۇلايمان پادىشاھ شىبانىڭ ئايال پادىشاھىغا سورىغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى بەردى، ئۇنىڭغا ئېلىپ كەلگىنىدىن زىيادە سوۋغات بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن ئايال پادىشاھ خىزمەتكارلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ، ئۆز ئېلىگە قايتىپ كەتتى.

سۇلايمان پادىشاھنىڭ بايلىقى

13سۇلايمان پادىشاھقا ھەر يىلى 23 توننا ئالتۇن كېلىپ تۇراتتى.14ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ يەنە سودىگەرلەر ۋە تىجارەتچىلەردىن، ئەرەب پادىشاھلىرى ۋە ئۆز پادىشاھلىقى ئىچىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلاردىنمۇ ئالتۇن-كۈمۈش تاپشۇرۇپ ئالاتتى.15سۇلايمان پادىشاھ ياغاچتىن 200 دانە چوڭ قالقان ياسىتىپ، ھەربىرىگە يەتتە كىلودىن ئالتۇن قاپلاتتى.16ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە ھەربىرىگە ئۈچ يېرىم كىلودىن ئالتۇن قاپلانغان كىچىك قالقاندىن 300نى ياسىتىپ، ھەممىسىنى «لىۋان ئورمىنى سارىيى»غا جايلاشتۇردى.17سۇلايمان پادىشاھ يەنە پىل چىشى ۋە ساپ ئالتۇندىن بېزەلگەن چوڭ بىر تەخت ياساتتى.18تەختكە چىقىدىغان ئالتە پەلەمپەي ۋە تەختنىڭ تۈۋىدە ئالتۇندىن ياسالغان پۇت قويغۇچ بار ئىدى. ئىككى تەرىپىدە بىردىن قول قويغۇچ بار ئىدى. قول قويغۇچنىڭ يېنىدا بىردىن ئۆرە تۇرغان شىرنىڭ ھەيكىلى بار ئىدى.19ئالتە پەلەمپەينىڭ ھەربىرىنىڭ ئىككى تەرىپىدە بىردىن، جەمئىي 12 شىرنىڭ ھەيكىلى بار بولۇپ، باشقا ھېچقانداق پادىشاھلىقنىڭ تەختى بۇنداق ھەيۋەتلىك بېزەلگەن ئەمەس ئىدى.
20سۇلايمان پادىشاھنىڭ ئىچىملىك ئىچىدىغان قاچا-قۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى ئالتۇندىن ئىدى. «لىۋان ئورمىنى سارىيى» ئىچىدىكى بۇيۇملارنىڭ ھەممىسى كۈمۈشتىن ئەمەس، بەلكى ساپ ئالتۇندىن ئىدى. سۇلايمان پادىشاھنىڭ دەۋرىدە كۈمۈش ئەرزىمەس نەرسە بولۇپ قالغانىدى.21سۇلايمان پادىشاھنىڭ كېمىلىرى بىلەن ھىرام پادىشاھنىڭ دېڭىزچىلىرى بىرلىكتە تارشىشقا بېرىپ، ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم ئالتۇن-كۈمۈش، پىل چىشى، ئىت باش مايمۇن ۋە باشقا مايمۇنلارنى ئەكېلىپ تۇراتتى.22سۇلايمان پادىشاھنىڭ بايلىقى ۋە دانالىقى دۇنيادىكى باشقا بارلىق پادىشاھلارنىڭكىدىن ئېشىپ كەتكەنىدى.23دۇنيادىكى پادىشاھلارنىڭ ھەممىسى سۇلايمان پادىشاھنىڭ ئالدىغا بەس-بەس بىلەن كېلىپ، خۇدا ئۇنىڭ كۆڭلىگە سالغان ھېكمەتلەرنى ئاڭلاشتى.24ھەر يىلى كەلگەنلەر ھەر خىل تارتۇقلارنى، يەنى ئالتۇن-كۈمۈش قاچىلار، تون-سەرپايلار، قورال-ياراغلار، خۇشبۇي ئەشيالار، ئات ۋە قېچىر قاتارلىقلارنى ئېلىپ كېلەتتى.
25سۇلايمان پادىشاھنىڭ جەڭ ھارۋىلىرىنى قويىدىغان ئاتخانىلىرىدىن تۆت مىڭى ۋە ئاتلاردىن 12 مىڭى بار ئىدى. ئۇ، جەڭ ھارۋىلىرىنى ۋە ئاتلىرىنى جەڭ ھارۋىلىرى تۇرىدىغان شەھەرلەرگە ۋە ئۆزى تۇرىدىغان يېرۇسالېمغا جايلاشتۇردى.26سۇلايمان فىرات دەرياسىدىن تارتىپ فىلىستىيەلىكلەر زېمىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا تاكى مىسىر چېگراسىغىچە بولغان پۈتۈن پادىشاھلىقلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى.27سۇلايمان پادىشاھ يېرۇسالېمدا كۈمۈشنى خۇددى تاشتەك، كېدىر ياغىچىنى خۇددى غەربىي ئېدىرلىقتىكى ياۋا ئەنجۈر دەرەخلىرىدەك كۆپەيتىۋەتتى.28سودىگەرلەر سۇلايمان ئۈچۈن مىسىر ۋە باشقا دۆلەتلەردىن ئاتلارنى كەلتۈرەتتى.
29سۇلايمان پادىشاھنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ناتان پەيغەمبەرنىڭ تەزكىرىسى، شىلولۇق ئاخىيا پەيغەمبەرنىڭ بېشارەتنامىسى ۋە نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئام ھەققىدە غايىبنى بىلگۈچى ئىددو يازغان ۋەھىينامىگە پۈتۈلگەندۇر.30سۇلايمان يېرۇسالېمدا پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە 40 يىل پادىشاھ بولدى.31سۇلايمان ۋاپات بولۇپ، ئاتىسى داۋۇتنىڭ نامىدا ئاتالغان «داۋۇت شەھىرى»دە دەپنە قىلىندى. ئوغلى رىخوبئام ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.

10

شىمالىي قەبىلىلەرنىڭ ئۆكتە قوپۇشى

1بارلىق ئىسرائىل خەلقى رىخوبئامنى پادىشاھ قىلىش ئۈچۈن شەكەم شەھىرىگە توپلاندى. رىخوبئاممۇ ئۇ يەرگە كەلدى.2نىباتنىڭ مىسىردا تۇرۇۋاتقان ئوغلى ياروبئام بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تېپىپ، مىسىردىن ئىسرائىلىيەگە قايتىپ كەلدى. ئۇ سۇلايمان پادىشاھنىڭ ۋاقتىدا سۇلايماندىن قېچىپ، مىسىرغا كەتكەنىدى.3شىمالدىكى ئىسرائىل خەلقى ياروبئامنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە رىخوبئامنىڭ قېشىغا كەلدى. ئۇلار رىخوبئامغا:
4_ ئاتىلىرى سۇلايمان پادىشاھ بىزگە ئېغىر ئالۋان-ياساق سالغانىدى. ئەمدى بىز سىلىدىن ئاتىلىرى بىزگە سالغان ئېغىر بويۇنتۇرۇقلارنى ئېلىۋېتىشلىرىنى ئۆتۈنىمىز. شۇنداق قىلسىلا، سىلىنىڭ خىزمەتلىرىدە بولىمىز، _ دېيىشتى.
5_ سىلەر ئىككى كۈندىن كېيىن مەن بىلەن كۆرۈشكىلى كېلىڭلار، _ دېدى رىخوبئام. شۇنىڭ بىلەن خەلق قايتىپ كېتىشتى.
6پادىشاھ رىخوبئام ئاتىسى سۇلايمان ھايات چېغىدا ئۇنىڭ ئالدىدا خىزمىتىنى قىلغان مويسىپىتلاردىن مەسلىھەت سوراپ:
_ بۇ خەلققە قانداق جاۋاب بېرەي، _ دېدى.

7_ ئەگەر سىلى بۇ خەلققە ئىللىق مۇئامىلە قىلىپ، رازى بولغۇدەك ياخشى گەپلەرنى قىلسىلا، ئۇلار ھەمىشە سىلىنىڭ خىزمەتلىرىدە بولىدۇ، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى مويسىپىتلار.
8لېكىن رىخوبئام مويسىپىتلارنىڭ مەسلىھەتىنى قوبۇل كۆرمەي، ئۆزى بىلەن بىللە ئۆسۈپ چوڭ بولغان، ئۆزىنىڭ خىزمىتىدە بولۇۋاتقان ياشلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۇلاردىن:
9_ خەلق ماڭا: «ئاتىلىرى بىزگە سالغان ئېغىر بويۇنتۇرۇقنى ئېلىۋېتىشلىرىنى ئۆتۈنىمىز» دېيىشىۋاتىدۇ. بۇ خەلققە قانداق جاۋاب بەرسەك بولار؟ سىلەرنىڭ مەسلىھەتىڭلار قانداق؟ _ دەپ سورىدى.
10ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە چوڭ بولغان ياشلار ئۇنىڭغا:
_ بۇ خەلق ئۆزلىرىگە: «ئاتىلىرى بىزنىڭ بويۇنتۇرۇقىمىزنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەنىدى، لېكىن سىلىنىڭ ئۇنى ئېلىۋېتىشلىرىنى ئۆتۈنىمىز» دەپتۇ. ئەمدى سىلى ئۇلارغا: «مېنىڭ چىمچىلىقىم ئاتامنىڭ بېلىدىنمۇ توم!
11ئاتام سىلەرگە ئېغىر بويۇنتۇرۇق سالغان بولسا، مەن ئۇنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىمەن. ئاتام سىلەرنى قامچا بىلەن ساۋىغان بولسا، مەن سىلەرنى چايانلارغا چاقتۇرىمەن» دېسىلە، _ دەپ جاۋاب بەردى.
12رىخوبئام پادىشاھنىڭ «ئىككى كۈندىن كېيىن كېلىپ، مەن بىلەن كۆرۈشۈڭلار» دېگىنى بويىچە، ياروبئام خەلق بىلەن بىللە دېگەن پەيتتە رىخوبئام پادىشاھ بىلەن كۆرۈشكىلى كەلدى.13رىخوبئام پادىشاھ ئۇلارغا كەسكىن جاۋاب بەردى. ئۇ مويسىپىتلارنىڭ مەسلىھەتىگە پىسەنت قىلماي،14بەلكى ياشلارنىڭ بەرگەن مەسلىھەتى بويىچە ئۇلارغا:
_ مەن سىلەرنىڭ بويۇنتۇرۇقۇڭلارغا قوشۇپ، ئۇنى تېخىمۇ ئېغىرلىتىمەن. ئاتام سىلەرنى قامچا بىلەن ساۋىغان بولسا، مەن سىلەرنى چايانلارغا چاقتۇرىمەن! _ دېدى.

15شۇنداق قىلىپ پادىشاھ رىخوبئام ئاممىنىڭ ئۆتۈنۈشىگە قۇلاق سالمىدى. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار شىلولۇق ئاخىيا ئارقىلىق نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامغا ئېيتقان ئۆزىنىڭ سۆزىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا يول ھازىرلىدى.
16شىمالىي قەبىلىلەردىن كەلگەن ئىسرائىللار پادىشاھ رىخوبئامنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئۆتۈنۈشلىرىنى ئاڭلىمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا:

17(ئەمما رىخوبئام يەھۇدا شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان شىمالدىن كەلگەن ئىسرائىللارغا يەنىلا پادىشاھ بولۇپ قېلىۋەردى.)18رىخوبئام پادىشاھ ھاشارچىلارنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئادورامنى ئىسرائىللارنىڭ شىمالدىكى قەبىلىلىرىگە ئەۋەتكەنىدى، ئۇلار ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. رىخوبئام پادىشاھ ئالدىراپ-تېنەپ ھارۋىسىغا چىقىپ، يېرۇسالېمغا قېچىپ كېلىۋالدى.19شۇنىڭدىن تارتىپ شىمالدىكى ئىسرائىللار تاكى ھازىرغىچە داۋۇت خانىدانلىقى بىلەن قارشىلىشىپ كەلدى.

11

1رىخوبئام يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، شىمالدىكى ئىسرائىللار بىلەن ئۇرۇش ئارقىلىق پادىشاھلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇ يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىلىرىدىن 180 مىڭ سەرخىل لەشكەرنى توپلىدى.2بىراق پەرۋەردىگار شىمايا پەيغەمبەرگە مۇنداق دېدى:
3_ سەن بېرىپ، سۇلايماننىڭ ئوغلى يەھۇدىيە پادىشاھى رىخوبئامغا ۋە پۈتۈن يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىلىرىگە:4«پەرۋەردىگار سىلەرگە: ‹سىلەر قېرىندىشىڭلار بىلەن ئۇرۇش قىلساڭلار بولمايدۇ. ھەممىڭلار ئۆيۈڭلارغا قايتىڭلار! چۈنكى بۇ ئىش مەندىن بولدى› دەيدۇ» دېگىن.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە ئىتائەت قىلىپ، ياروبئامغا قارشى ئۇرۇش قىلىشتىن ۋاز كەچتى.

يەھۇدىيە پادىشاھى رىخوبئام

5رىخوبئام يېرۇسالېمدا ياشىدى. ئۇ يەھۇدىيەدىكى شەھەرلەرنىڭ مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملىدى.6ئۇ بەيتلەھەم، ئېتام، تىقوۋا،7بەيتزۇر، سوكوھ، ئادۇللام،8گات، مارېشا، زىف،9ئادورايىم، لاكىش، ئازېقا،10زورئاھ، ئاييالون ۋە ھىبرون شەھەرلىرىنى ئوڭشىدى. بۇلار يەھۇدا ۋە بىنيامىن تەۋەلىكىدىكى مۇستەھكەم شەھەرلەرگە ئايلاندى.11رىخوبئام شەھەرلەرنىڭ سېپىللىرىنى مۇستەھكەملەپ، سەركەردىلەرنى ئەۋەتتى. شەھەرلەرنى يېمەك-ئىچمەك، زەيتۇن يېغى، شارابلار بىلەن تەمىنلىدى.12ھەرقايسى شەھەرگە قالقان ۋە نەيزىلەرنى توپلاپ، شەھەر مۇداپىئەسىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىلىرىنىڭ زېمىنى ئۇنىڭ قولىدا قالدى.
13ئىسرائىلىيەنىڭ ھەممە يەرلىرىدىكى روھانىيلار ۋە لاۋىيلار رىخوبئامنىڭ تەرەپدارلىرى بولدى.14ئۇلار ھەتتا ئۆي ۋە زېمىنلىرىنى تاشلاپ، يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا يەرلىرىگە كۆچۈپ كەلدى. چۈنكى ياروبئام ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۇلارنىڭ روھانىي بولۇپ، پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىشىغا يول قويمىغانىدى.15ياروبئام غەيرىي سەجدىگاھلارغا روھانىيلارنى تەيىنلىدى. ئۇلار ياروبئام ياساتقان تېكە ۋە موزاي بۇتلارغا خىزمەت قىلاتتى.16ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنىڭ ئىچىدىكى پەرۋەردىگار خۇداغا چىن يۈرىكىدىن تەلپۈنىدىغانلار لاۋىيلارغا ئەگىشىپ، يېرۇسالېمغا كەلدى. چۈنكى ئۇلار ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇداغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلماقچىدى.17ئۇلار يەھۇدىيە پادىشاھلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، سۇلايماننىڭ ئوغلى رىخوبئامغا ئۈچ يىل سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلدى. ئۇلار بۇ جەرياندا داۋۇت ۋە سۇلايمان يولغا قويغان نىزاملارغا رىئايە قىلدى.
18رىخوبئام داۋۇتنىڭ ئوغلى يىرىموتنىڭ قىزى ماخالاتقا ئۆيلەندى. ماخالاتنىڭ ئانىسى ئابىھايىل يىشاينىڭ ئوغلى بولغان ئەلىئابنىڭ قىزى ئىدى.19ماخالات رىخوبئامغا يىئۇش، شىماريا، زاھام ئىسىملىك ئوغۇللارنى تۇغۇپ بەردى.20كېيىن رىخوبئام ئابسالومنىڭ قىزى مائاكانى خوتۇنلۇققا ئالدى. ئۇ ئابىيا، ئاتتاي، زىزا ۋە شىلومىتنى تۇغدى.21رىخوبئامنىڭ جەمئىي 18 خوتۇنى، 60 توقىلى، 28 ئوغلى، 60 قىزى بار ئىدى. رىخوبئام خوتۇن ۋە توقاللىرىنىڭ ئىچىدە مائاكانى ئەڭ ياخشى كۆرەتتى.22شۇڭا ئۇ ئۇنىڭدىن تۇغۇلغان ئابىيانى شاھزادىلەرنىڭ ئىچىدىن ۋەلىئەھد قىلىپ تەيىنلىدى.23رىخوبئام ئاقىلانە ئىش قىلىپ، باشقا شاھزادىلەرنىڭ بەزىلىرىنى يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىلىرىنىڭ زېمىنلىرىدىكى ھەرقايسى مۇستەھكەم شەھەرلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى يېتەرلىك تەمىنات ۋە خوتۇن، توقاللارغا ئىگە قىلدى.

12

مىسىرنىڭ يەھۇدىيەگە ھۇجۇم قىلىشى

1رىخوبئام ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى مۇستەھكەملەپ، پادىشاھلىقىنى كۈچەيتكەندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنلىرىنى تاشلىۋەتتى. خەلقمۇ ئۇنىڭغا ئەگەشتى.2يەھۇدىيەلىكلەر پەرۋەردىگارغا بولغان ساداقىتىنى يوقاتقانلىقى ئۈچۈن، رىخوبئام پادىشاھنىڭ بەشىنچى يىلى مىسىر پادىشاھى شىشاقنىڭ يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىشىغا يول قويۇلدى.3شىشاق مىسىردىن 1200 جەڭ ھارۋىسى، 60 مىڭ ھارۋىلىق لەشكەر ۋە سان-ساناقسىز لىۋىيەلىك، سۇكلار ۋە كۇشلارنى باشلاپ كەلگەنىدى.4ئۇ يەھۇدىيەنىڭ مۇستەھكەم شەھەرلىرىنى ئىشغال قىلىپ، ئۇدۇل يېرۇسالېمغا قىستاپ كەلدى.
5شۇ ۋاقىتتا يەھۇدىيەنىڭ يېتەكچىلىرى شىشاقتىن قورقۇپ، يېرۇسالېمغا يىغىلغانىدى. شىمايا پەيغەمبەر رىخوبئام ۋە يېتەكچىلىرىگە مۇنداق دېدى:
_ پەرۋەردىگار دەيدۇكى، سىلەر مېنى تاشلىۋەتكەچكە مەنمۇ سىلەرنى تاشلىۋېتىپ، سىلەرنى پادىشاھ شىشاقنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردىم.

6رىخوبئام ۋە يېتەكچىلەرمۇ بۇ سۆزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، گۇناھلىرىنى تونۇپ، مۇنداق دېدى:
_ پەرۋەردىگار ئادالەتلىكتۇر.

7پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ كەمتەرلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن، پەيغەمبەر شىمايا ئارقىلىق ئۇلارغا مۇنداق ۋەھىي چۈشۈردى:
_ ئۇلار كەمتەرلىك قىلغانىكەن، ئۇلارنى يوقاتماي، ئۇلارغا پات يېقىندا بىر ھاياتلىق يولى بېرىمەن. مەن يېرۇسالېمغا غەزىپىمنى شىشاق ئارقىلىق چاچمايمەن.
8لېكىن مەن ئۇلارنى شىشاققا بويسۇندۇرۇپ بېرىمەن. شۇنداق قىلسام، ئۇلار ماڭا ئىتائەت قىلىش بىلەن باشقا پادىشاھلارغا خىزمەت قىلىشنىڭ پەرقىنى بىلىۋالسۇن.
9مىسىر پادىشاھى شىشاق يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى ۋە پادىشاھ ئوردىسىدىكى بايلىقلاردىن تارتىپ، ھېچ نەرسىنى چالا قويماي بۇلاپ كەتتى. سۇلايمان پادىشاھ ياساتقان ئالتۇن قالقانلارنىڭمۇ ھەممىسىنى ئېلىپ كەتتى.10كېيىن رىخوبئام پادىشاھ ئاشۇ ئالتۇن قالقانلارنىڭ ئورنىغا تۇچ قالقانلارنى ياسىتىپ، ئوردا دەرۋازىسىغا قارايدىغان قاراۋۇللار باشلىقلىرىنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇردى.11پادىشاھ ھەر قېتىم پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا بارغاندا، قاراۋۇللار بۇ قالقانلارنى كۆتۈرۈپ ماڭاتتى، ئاندىن كېيىن يەنە بۇ قالقانلارنى قورال ئامبىرىغا قويۇپ قوياتتى.
12رىخوبئام گۇناھلىرىنى تونۇغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بېسىقىپ، ئۇنى پۈتۈنلەي يوقاتمىدى. شۇنداق قىلىپ، يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ ئەھۋالى بىر ئاز ياخشىلاندى.

پادىشاھ رىخوبئامنىڭ ۋاپات بولۇشى

13رىخوبئام پادىشاھ ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، يېرۇسالېمدا داۋاملىق پادىشاھ بولدى. ئۇ تەختكە چىققان چاغدا 41 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 17 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. يېرۇسالېم شەھىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئۆزىگە ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن پۈتۈن ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ شەھەرلىرى ئارىسىدىن تاللىغان شەھەر ئىدى. رىخوبئامنىڭ ئانىسى ئاممونلۇق بولۇپ، ئىسمى نائاما ئىدى.14رىخوبئام پەرۋەردىگارغا چىن قەلبىدىن ئىنتىلمەي، يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى.15رىخوبئام پادىشاھنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى شىمايا پەيغەمبەر پۈتكەن تەزكىرىگە ۋە غايىبنى بىلگۈچى ئىددو پۈتكەن تەزكىرىگە پۈتۈلگەندۇر. بۇلار نەسەبنامىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. يەھۇدىيە پادىشاھى رىخوبئام بىلەن ئىسرائىلىيە پادىشاھى ياروبئام ئوتتۇرىسىدا ئىزچىل ئۇرۇش بولۇپ تۇردى.16رىخوبئام ۋاپات بولۇپ، «داۋۇت شەھىرى»گە دەپنە قىلىندى. رىخوبئامنىڭ ئوغلى ئابىيا ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.

13

پادىشاھ ئابىيانىڭ ئىسرائىلىيەنى مەغلۇپ قىلىشى

1ئىسرائىلىيە پادىشاھى ياروبئامنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 18-يىلى ئابىيا يەھۇدىيەگە پادىشاھ بولدى.2ئۇ يېرۇسالېمدا ئۈچ يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى مائاكا بولۇپ، گىبئاھ شەھىرىدىكى ئۇرىئېلنىڭ قىزى ئىدى.
ئابىيا بىلەن ياروبئام ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش بولدى.
3ئابىيا 400 مىڭ خىللانغان لەشكەر بىلەن ھۇجۇمغا ھازىرلاندى. ياروبئام 800 مىڭ خىللانغان لەشكەر بىلەن سەپ تۈزۈپ، جەڭگە تەييار بولدى.4ئابىيا ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىكى زىمارايىم تېغىدا تۇرۇپ، مۇنداق دېدى:
_ ئەي ياروبئام ۋە پۈتۈن ئىسرائىلىيەلىكلەر، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار.
5ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ سىلەر بىلەن بىكار قىلىشقا بولمايدىغان مەڭگۈلۈك ئەھدە تۈزۈپ، ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھلىقىنى داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا بەرگەنلىكىنى بىلمەمسىلەر؟6شۇنداق بولسىمۇ، نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئام ئەسلى داۋۇتنىڭ ئوغلى سۇلايماننىڭ خىزمەتكارى بولۇپ تۇرۇقلۇق، خوجايىنىغا ئاسىيلىق قىلدى.7ئۇنىڭ ئەتراپىغا بىر تۈركۈم يارىماس لۈكچەكلەر يىغىلىپ، سۇلايماننىڭ ئوغلى رىخوبئام بىلەن قارشىلاشتى. ئۇ چاغدا رىخوبئام تېخى ياش، تەجرىبىسىز بولۇپ، قارشى تۇرۇشقا كۈچى يوق ئىدى.
8ھازىر سىلەر داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان پەرۋەردىگارنىڭ پادىشاھلىقىغا قارشى تۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىسىلەر. ئەجەبا سىلەر ئادەملىرىمىز كۆپ، ھەم ياروبئام ياساپ بەرگەن ئالتۇن موزاي ئىلاھلىرىمىز بار، دەپ ئويلامسىلەر؟9سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ روھانىيسى بولغان ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن لاۋىيلارنى ھەيدىۋېتىپ، يات خەلقلىرىنىڭ يامان ئادەتلىرى بويىچە ئۆزۈڭلارغا روھانىي تىكلىدىڭلار. ھەرقانداق بىر ئادەم بىر تۇياق بۇقا ۋە يەتتە تۇياق قوچقار ئەكەلسىلا، ئۇ ساختا ئىلاھلارنىڭ روھانىيسى بولالايدۇ.
10بىزگە كەلسەك، پەرۋەردىگار بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر، بىز ئۇنى تاشلىۋەتمىدۇق. ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىۋاتقان روھانىيلىرىمىز يەنىلا ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. لاۋىيلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ ۋەزىپىلىرىنى ئۆتەۋاتىدۇ.11ئۇلار ھەر كۈنى ئەتىگەندە ۋە كەچتە كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىپ، خۇشبۇي ئىسرىق سېلىپ، نانلارنى پاكلانغان شىرەگە دەستىلەپ قويۇپ، ھەر كۈنى كەچتە ئالتۇن چىراغداننىڭ چىراغلىرىنى ياندۇرۇۋاتىدۇ. بىز پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىمىز، سىلەر ئۇنى تاشلىۋەتتىڭلار.12خۇدا بىزگە ياردۇر، ئۇ بىزنى باشلايدۇ. ئۇنىڭ روھانىيلىرى سىلەرگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ كانىيىنى چېلىپ، چاقىرىق قىلىدۇ. ئەي ئىسرائىلىيەلىكلەر، ئەجدادلىرىڭلار ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇدا بىلەن قارشىلاشماڭلار، سىلەر غەلىبە قىلالمايسىلەر.
13ياروبئام بىر قىسىم لەشكەرلىرىنى يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ ئارقىسىغا ئەۋەتىپ، بۆكتۈرمە قويغانىدى. ياروبئامنىڭ قوشۇنلىرى يەھۇدىيە قوشۇنلىرىنىڭ ئالدىدا، بۆكتۈرمە قوشۇن كەينىدە ئىدى.14يەھۇدىيەلىكلەر ئالدى-ئارقىسىدا دۈشمەن بارلىقىنى بايقاپ، پەرۋەردىگاردىن يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ياردەم تەلەپ قىلدى. روھانىيلار كانايلىرىنى ھۇجۇم قىلىشقا چالدى،15يەھۇدىيەلىكلەر نەرە تارتتى. شۇ پەيتتە خۇدا ياروبئام ۋە ئىسرائىلىيەلىكلەرنى ئابىيا ۋە يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ ئالدىدا مەغلۇپ قىلدى.16ئىسرائىلىيەلىكلەر يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ ئالدىدىن قاچتى. خۇدا ئۇلارنى يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى.17ئابىيا ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى ئىسرائىللارنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ 500 مىڭ خىللانغان قوشۇنىنى پۈتۈنلەي قىرىپ تاشلىدى.18شۇ كۈنى ئىسرائىللار مەغلۇپ بولدى، يەھۇدىيەلىكلەر ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇداغا تايانغانلىقى ئۈچۈن غەلىبە قىلدى.
19ئابىيا ياروبئامنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ بېرىپ، بەيتەل، يىشانا ۋە ئەفرون شەھەرلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارنى قولىغا كىرگۈزدى.20ئابىيا ھايات ۋاقتىدا ياروبئام كۈچىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرەلمىدى. كېيىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ جازاسى بىلەن ئۆلدى.21ئابىيا بارغانسېرى كۈچلەندى، ئۇنىڭ 14 نەپەر خوتۇن، توقاللىرى، 22 ئوغلى ۋە 16 قىزى بار ئىدى.
22ئابىيا پادىشاھنىڭ باشقا ئىش-ھەرىكەتلىرى، ئەمەللىرى ۋە سۆزلىرى ئىددو پەيغەمبەر پۈتكەن تەزكىرىگە پۈتۈلگەندۇر.

14

1ئابىيا ۋاپات بولۇپ، «داۋۇت شەھىرى»دە دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئاسا ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.

پادىشاھ ئاسانىڭ كۇشنى مەغلۇپ قىلىشى

ئاسا ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە دۆلەتتە ئون يىل تىنچ-ئامانلىق بولدى.
2ئاسا پەرۋەردىگار خۇدانىڭ نەزىرىدە ياخشى ھەم دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى.3غەيرىي سەجدىگاھلاردىكى يات خەلقلەرنىڭ ئىلاھىغا ئاتالغان قۇربانلىق سۇپىلىرىنى يوقاتتى، بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلەرنى چاقتى، ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى ۋەيران قىلدى.4پادىشاھ ئاسا يەنە يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇداغا ئىنتىلىشكە ۋە ئۇنىڭ قانۇن ۋە ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشقا پەرمان چۈشۈردى.5ئۇ يەھۇدىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىكى غەيرىي سەجدىگاھلار ۋە ئىسرىقدانلارنى ئېلىۋەتتى. ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىق مەزگىلىدە پادىشاھلىق تىنچ-ئامانلىقتا ئۆتتى.
6پادىشاھ ئاسا يەھۇدىيەنىڭ تىنچ-ئامانلىق مەزگىلىدە شەھەرلىرىنى مۇستەھكەملىدى. ئۇرۇش بولمىدى. چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا خاتىرجەملىك ئاتا قىلغانىدى.7ئۇ يەھۇدىيەلىكلەرگە مۇنداق دېدى:
_ بىز شەھەرلىرىمىزنى مۇستەھكەملەيلى، ئەتراپىغا سېپىل ۋە كۆزىتىش مۇنارلىرى ياسايلى، بالداقلىق دەرۋازىلارنى ئورنىتايلى. بىز پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا ئىنتىلگەنلىكىمىز ئۈچۈن، بىز بۇ تۇپراقتا ياشاۋاتىمىز، پەرۋەردىگار چېگرالىرىمىزنى ئامان قىلدى.

شۇنداق قىلىپ ئۇلار شەھەرلەرنى مۇستەھكەملىدى، ئۇلارنىڭ ھەممە ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولدى.
8ئاسانىڭ يەھۇدا قەبىلىسىدىن بولغان چوڭ قالقانلىق ۋە نەيزىلىك 300 مىڭ لەشكىرى، بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان كىچىك قالقانلىق ۋە ئوقيالىق 280 مىڭ لەشكىرى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى خىللانغان لەشكەرلەر ئىدى.
9كۇشتىن كەلگەن زەراخ 100 مىڭ كىشىلىك زور قوشۇن ۋە 300 جەڭ ھارۋىسى بىلەن يەھۇدىيەگە يېقىنلاپ، مارېشا شەھىرىگە بېسىپ كەلدى.10ئاسا لەشكەرلىرى بىلەن دۈشمەنگە قارشى ئۇرۇشقا ئاتلاندى. ئۇلار ئىككى تەرەپ مارېشا شەھىرىگە يېقىن يەردىكى زىفاتا جىلغىسىدا سەپ تارتىشتى.11ئاسا پەرۋەردىگارى خۇدادىن مۇنداق دەپ ئۆتۈندى:
_ ئى پەرۋەردىگارىمىز خۇدا، پەقەت سېنىڭ ياردىمىڭ بىلەنلا ئاجىزلار كۈچلۈكلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلالايدۇ. ئۆتۈنەي، بىزگە ياردەم قىلغايسەن. بىز ساڭىلا تايىنىمىز. سېنىڭ نامىڭ بىلەن بۇ چوڭ قوشۇنغا قارشى ئاتلاندۇق. ئى پەرۋەردىگار، سەن بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇرسەن. ئۇ ئادەملەرنىڭ ئۈستۈڭدىن غەلىبە قىلىشىغا يول قويمىغايسەن.

12شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار كۇشلارنى ئاسا ۋە يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ ئالدىدا مەغلۇپ قىلدى. كۇشلار قاچتى.13ئاسا قوشۇنىنى باشلاپ، ئۇلارنى قوغلاپ، تاكى گىرارغىچە باردى. كۇشلار پەرۋەردىگار ۋە ئۇنىڭ قوشۇنىنىڭ ئالدىدا قاتتىق مەغلۇپ بولۇپ، قىرىلىپ كەتتى، ھەتتا بىرەرسىمۇ قېچىپ قۇتۇلالمىدى. يەھۇدىيەلىكلەر ناھايىتى كۆپ مال-مۈلۈكنى ئولجا ئالدى.14گىرار ئەتراپىدىكى شەھەرلەردىكى خەلقلەر پەرۋەردىگاردىن ۋەھىمىگە چۈشكەنلىكتىن، يەھۇدىيەلىكلەر ئۇ يەرلەرنىمۇ ھۇجۇم بىلەن ئالدى. شەھەرلەردە ناھايىتى كۆپ بايلىق بار ئىدى، ئۇلار ھەممىسىنى ئولجا ئالدى.15ئۇلار يەنە پادىچىلارنىڭ چېدىرلىرىنى بۇزۇپ، نۇرغۇن قوي، ئۆچكە ۋە تۆگىلىرىنىمۇ ئولجا ئالدى، ئاندىن يېرۇسالېمغا قايتتى.

15

پادىشاھ ئاسانىڭ ئىسلاھاتى

1ئودېدنىڭ ئوغلى ئازارياغا خۇدانىڭ روھى چۈشتى.2ئازاريا ئاسا پادىشاھنى كۈتۈۋالغىلى چىقىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:
_ ئەي ئاسا، يەھۇدالار ۋە بىنيامىنلار، سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار! سىلەر پەرۋەردىگار بىلەن بىللە بولساڭلار، ئۇمۇ سىلەر بىلەن بىرگە بولىدۇ. ئەگەر ئۇنى ئىزدىسەڭلار، تاپالايسىلەر. ئەگەر ئۇنى تاشلىساڭلار، ئۇمۇ سىلەرنى تاشلايدۇ.
3ئىسرائىللار ئۇزۇن ۋاقىت داۋامىدا ھەقىقىي خۇداسىز ياشىدى . ئۇلارغا تەلىم بېرىدىغان روھانىيلار يوق ئىدى. ئۇلار خۇدانىڭ قانۇنىدىن مەھرۇم قالغانىدى.4لېكىن ئۇلار قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، ئۆزلىرىنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ يولىغا قايتتى. ئۇلار پەرۋەردىگارنى ئىزدىدى ۋە ئۇنى تاپتى.
5ئۇ چاغلاردا سەپەرگە چىقىش خەتەرلىك ئىدى، ھەممە يەرلەرنى قالايمىقانچىلىق قاپلىغانىدى.6ئەل بىلەن ئەل، شەھەر بىلەن شەھەر بىر-بىرىگە ھۇجۇم قىلىشقانىدى. چۈنكى خۇدا ھەر خىل ئاپەتلەر بىلەن ئۇلارغا ئازاب سالغانىدى.7لېكىن سىلەر قەيسەر بولۇڭلار. بوشاپ كەتمىسەڭلارلا، ئەجرىڭلارغا لايىق مۇكاپاتقا ئېرىشىسىلەر.
8پادىشاھ ئاسا ئودېدنىڭ ئوغلى ئازاريا پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ئىلھاملىنىپ، پۈتۈن يەھۇدا، بىنيامىن زېمىنلىرىدىكى ۋە ئەفرايىم تاغلىق رايونىغا جايلاشقان، ئۆزى تارتىۋالغان ھەرقايسى شەھەرلەردىكى يىرگىنچلىك بۇتلارنى ئالدۇرۇۋەتتى ھەمدە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئالدىدىكى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان قۇربانلىق سۇپىسىنى يېڭىلىدى.9ئەينى چاغدا ئەفرايىم، ماناسسە، شىمون قەبىلىلىرىدىن بولغان نۇرغۇن كىشىلەر پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئاساغا يار بولغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىسرائىلىيەدىن ئايرىلىپ، ئاساغا قوشۇلدى ھەم يەھۇدىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالدى. ئاسا ئۇلارنى يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىلىرى بىلەن بىرگە يىغدى.10ئاسانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 15-يىلى باھار پەسلىنىڭ ئاخىرقى ئېيىدا*ئۇلار يېرۇسالېمدا يىغىلدى.11ئۇ كۈنى ئۇلار ئولجا ئالغان ماللار ئارىسىدىن 700 تۇياق كالا ۋە 7000 تۇياق قوينى پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق قىلدى.12ئۇلار يەنە ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇداغا چىن قەلبى ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىنتىلىش ئۈچۈن خۇدا بىلەن تۈزگەن ئەھدىنى قايتىدىن مۇقىملىدى.13كىمكى ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇداغا ئىنتىلمىسە، مەيلى قېرى-ياش بولسۇن، مەيلى ئەر-ئايال بولسۇن، ھەممىسى بىردەك ئۆلتۈرۈلىدىغان بولدى.14ئۇلار خۇشاللىنىپ، يۇقىرى ئاۋازلىرى بىلەن پەرۋەردىگارغا قەسەم بەردى ھەم كاناي، بۇرغا چالدى.15يەھۇدىيەلىكلەر بەرگەن قەسەملىرىدىن خۇشاللىققا چۆمدى. چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارغا قىزغىنلىق بىلەن قەسەم بېرىپ، ئۇنىڭغا چىن قەلبى بىلەن ئىنتىلگەنىدى. پەرۋەردىگار ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلارغا ھەر تەرەپتە تىنچ-ئامانلىق ئاتا قىلدى.
16ئاسا پادىشاھ ھەتتا مومىسى مائاكانىڭ خان ئانىسى مەرتىۋىسىنى بىكار قىلدى.*چۈنكى ئۇ ئىلاھە ئاشېرانىڭ بىر بەتبەشىرە بۇتىنى ياساتقانىدى. ئاسا ئۇ بەتبەشىرە بۇتنى چېپىپ يىقىتىپ، پارچىلاپ، ئۇنى قىدرون جىلغىسىدا كۆيدۈرۈۋەتتى.17گەرچە غەيرىي سەجدىگاھلار ئىسرائىلىيەدىن يوقىتىۋېتىلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئاسا ئۆمۈر بويى جان-دىلى بىلەن پەرۋەردىگارغا سادىق بولۇپ كەلدى.18ئۇ ئاتىسى ۋە ئۆزى پەرۋەردىگارغا ئاتىغان نەرسىلەرنى، يەنى ئالتۇن-كۈمۈش ۋە باشقا بۇيۇملارنى خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا قويدى.19ئاسانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 35-يىلىغىچە ئۇرۇش بولمىدى.


*15: 10 باھار پەسلىنىڭ ئاخىرقى ئېيى _ ئىبرانىي تىلىدا «3-ئايدا». 3-ئاي مىلادىيە كالېندارى بويىچە 5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ.

*15: 16 خان ئانىسى مەرتىۋىسى _ بۇ قەدىمكى يەھۇدىيە ۋە بەزى قوشنا ئەللەردە پادىشاھتىن قالسىلا سىياسىي ئىشلاردا تەسىر كۈچكە ئىگە بولغان ئىككىنچى دەرىجىلىك مەرتىۋە.


16

ئاسانىڭ ئارراملار بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشى

1ئاسانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 36-يىلى ئىسرائىلىيە پادىشاھى باشا يەھۇدىيەگە تاجاۋۇز قىلىپ، راماھنى بېسىۋالدى. ئۇ يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسانىڭ زېمىنىغا ھېچكىمنىڭ كىرىپ-چىقماسلىقى ئۈچۈن، راماھ شەھىرىنىڭ مۇداپىئەسىنى كۈچەيتتى.2شۇنىڭ بىلەن ئاسا پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى ۋە ئوردىدىكى خەزىنىلەردىن ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى ئېلىپ، ئۇلارنى دەمەشقتىكى ئاررام پادىشاھى بەنھادادقا مۇنۇ سۆزلەر بىلەن بىرگە ئەۋەتتى:

3«ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئوتتۇرىسىدا ئىتتىپاق بولغىنىدەك، ئىككىمىز ئوتتۇرىسىدىمۇ بىر ئىتتىپاق بولسۇن. مانا بۇ ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى سىلىگە ئەۋەتتىم. ئىسرائىلىيە پادىشاھى باشا بىلەن تۈزگەن ئىتتىپاقلىرىنى بىكار قىلغايلا. شۇندىلا، ئۇ زېمىنىمدىن قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرىدۇ.»

4بەنھاداد پادىشاھ ئاسا پادىشاھنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۆز قوشۇنلىرىنىڭ سەركەردىلىرىنى ئىسرائىلىيە شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتتى. ئۇلار ئىيون، دان، بەيت-مائاكادىكى ئابېل شەھەرلىرى ۋە نافتالى زېمىنىدىكى ئامبارلار جايلاشقان بارلىق شەھەرلەرنى ئىشغال قىلدى.5باشا پادىشاھ بۇ ئىشلارنى ئاڭلاپلا، راماھ سېپىلىنى مۇستەھكەملەش ئىشىنى توختايتتى.6شۇنىڭ بىلەن ئاسا پادىشاھ پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقىگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، باشا پادىشاھنىڭ راماھنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئىشلەتمەكچى بولغان ياغاچ-تاشلىرىنى يۆتكىگۈزدى ۋە بۇ ياغاچ-تاشلار بىلەن گىبئاھ ۋە مىزپاھ سېپىللىرىنى مۇستەھكەملىدى.

پەيغەمبەرنىڭ ئاسانى ئەيىبلىشى

7شۇ ۋاقىتتا غايىبنى بىلگۈچى خانانى يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسانىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:
_ سىز پەرۋەردىگارىڭىز خۇداغا تايانماي، دۈشمىنىڭىز بولغان ئاررام پادىشاھىغا تاياندىڭىز. بۇ سىزنى ئاررام پادىشاھىنىڭ قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىدۇ.
8كۇشلار بىلەن لىۋىيەلىكلەردىن تۈزۈلگەن قوشۇنلار چوڭ قوشۇن ئەمەسمىدى؟ ئۇلارنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى، ھارۋىلىق لەشكەرلىرى ھەددى-ھېسابسىز ئەمەسمىدى؟ شۇ چاغدا سىز پەرۋەردىگارغا تايانغانلىقىڭىز ئۈچۈن، پەرۋەردىگار ئۇلارنى سىزنىڭ قولىڭىزغا تاپشۇرغانىدى.9پەرۋەردىگار يەر يۈزىدىكى ھەممە ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. ئۇ ئۆزىگە ھەقىقىي سادىق بولغانلارنى يۆلەيدۇ. سىز ئەخمەقلىق قىلدىڭىز، بۇندىن كېيىن سىزنى ئۇرۇش پالاكىتى باسىدۇ.
10ئاسا خانانىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا قاتتىق ئاچچىقى كەلدى ۋە ئۇنىڭ پۇتىغا تاقاق سېلىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر قىسىم كىشىلەرنى قاتتىق باستۇردى.
11ئاسا پادىشاھنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى «يەھۇدىيە ۋە ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىسى»گە پۈتۈلگەندۇر.12ئاسا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 39-يىلى ئېغىر پۇت ئاغرىش كېسىلىگە گىرىپتار بولدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ پەرۋەردىگاردىن شىپالىق تىلىمىدى، بەلكى تېۋىپلاردىنلا ياردەم تەلەپ قىلدى.13ئاسا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 41-يىلى ۋاپات بولدى.14خەلق ئۇنىڭ مېيىتىنى تاۋۇتقا ياتقۇزۇپ، مېيىتىغا ھەر خىل پۇراقلىق بۇيۇملار ۋە ئېسىل مايلار ئىشلىتىپ، ئۇنى «داۋۇت شەھىرى»دە ئۆزى ئۈچۈن تاشتىن ئويدۇرۇپ ياساتقان قەبرىگە دەپنە قىلدى. ئۇنىڭ شەرىپىگە ناھايىتى چوڭ گۈلخان ياقتى.

17

يىھوشافاتنىڭ ئادىل ھۆكۈمرانلىقى

1پادىشاھ ئاسانىڭ ئوغلى يىھوشافات تەختكە ۋارىسلىق قىلدى. ئۇ ئىسرائىلىيەگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنى مۇستەھكەملىدى.2يىھوشافات يەھۇدىيەنىڭ ھەممە مۇستەھكەم شەھەرلىرىدە قوشۇنلارنى تۇرغۇزدى. ئۇ يەھۇدىيە شەھەرلىرىدە ۋە ئاتىسى ئاسا بويسۇندۇرغان ئەفرايىم شەھەرلىرىدە لەشكەرلىرىنى تۇرغۇزدى.3پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يار ئىدى، چۈنكى ئۇ ئەجدادى داۋۇت بۇرۇن قىلغاندەك ئىشلارنى قىلدى، بائالغا چوقۇنمىدى.4ئۇ پەقەت ئاتىسى ئېتىقاد قىلغان خۇداغا ئىنتىلىپ، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلدى. ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ بۇتپەرەسلىكىگە ئەگەشمىدى.5شۇڭا پەرۋەردىگار ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەملىدى. بارلىق يەھۇدىيەلىكلەر ئۇنىڭغا سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلدى. ئۇ چەكسىز بايلىق ۋە شەرەپكە ئىگە بولدى.6ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا قىزغىنلىق بىلەن ماڭدى. يەھۇدىيەدىكى غەيرىي سەجدىگاھلارنى بۇزۇپ، ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى ئېلىپ تاشلىدى.
7يىھوشافات ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئۈچىنچى يىلى خەلققە تەلىم بېرىش ئۈچۈن ئەمەلدارلىرىدىن بەنخايىل، ئوبادىيا، زىكىرىيا، نىتانئېل، مىكايالارنى يەھۇدىيە شەھەرلىرىگە ئەۋەتتى.8لاۋىيلاردىن شىمايا، نىتانيا، زىباديا، ئاسائېل، شىمىراموت، يوناتان، ئادونىيا، توبىيا، توب-ئادونىيا ۋە روھانىيلاردىن ئەلىشاما، يورام ئۇلارغا ھەمراھ بولدى.9ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىنىڭ يازمىسىنى ئېلىپ، يەھۇدىيەنىڭ ھەممە شەھەرلىرىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ، خەلققە تەلىم بېرىشتى.
10يەھۇدىيەنىڭ ئەتراپىدىكى يات ئەللەر پەرۋەردىگاردىن قورققانلىقى ئۈچۈن، يىھوشافات بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايتتى.11بىر قىسىم فىلىستىيەلىكلەر ئۇنىڭغا ئولپان تاپشۇردى. ئۇنىڭ ئىچىدە زور مىقداردا كۈمۈشلەر بار ئىدى. ئەرەبلەرمۇ ئۇنىڭغا 7700 تۇياق قوچقار، 7700 تۇياق تېكىنى ئولپان قىلىپ تاپشۇردى.12يىھوشافات بارغانسېرى كۈچەيدى. يەھۇدىيەدە قورغان ۋە ئامبار شەھەرلىرىنى سالدۇردى.13يەھۇدىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىگە زور مىقداردا ماددىي ئەشيا توپلىدى.
يىھوشافات يېرۇسالېمدا خىللانغان قوشۇنلارنى تۇرغۇزدى.
14بۇ قوشۇنلار قەبىلىلەر بويىچە سەپەرۋەر قىلىنغانىدى. يەھۇدا قەبىلىسىدىن تۈمەنبېشى ئادناھ 300 مىڭ خىللانغان قوشۇنغا باشچىلىق قىلاتتى.15مۇئاۋىن تۈمەنبېشى يىھوخانان بولۇپ، ئۇ 280 مىڭ خىللانغان قوشۇنغا باشچىلىق قىلاتتى.16يەنە بىر مۇئاۋىن تۈمەنبېشى زىكرىنىڭ ئوغلى ئاماسيا بولۇپ، ئۇ 200 مىڭ خىللانغان قوشۇنغا باشچىلىق قىلاتتى. ئۇ، پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئۆزلۈكىدىن تىزىمغا ئالدۇرغانىدى.17بىنيامىن قەبىلىسىنىڭ باتۇر جەڭچىسى ئەليادا ئوقيا ۋە قالقان بىلەن قوراللانغان 200 مىڭ لەشكەرگە باشچىلىق قىلاتتى.18مۇئاۋىن تۈمەنبېشى يىھوزاباد بولۇپ، ئۇ قوراللانغان 180 مىڭ لەشكەرگە باشچىلىق قىلاتتى.19يۇقىرىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى پادىشاھنىڭ خاس لەشكەرلىرى بولۇپ، يەھۇدىيەنىڭ ھەرقايسى مۇستەھكەم شەھەرلىرىگە ئەۋەتىلگەن لەشكەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايتتى.

18

ئارراملارغا قارشى ئۇرۇش

1يىھوشافات بايلىق ۋە شۆھرەتتە چېكىگە يەتتى. ئۇ ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخاب بىلەن قۇدىلاشتى.2بىرقانچە يىلدىن كېيىن ئۇ سامارىيەگە بېرىپ، ئاخابنى زىيارەت قىلدى. ئاخاب نۇرغۇن ||قوي-كالا | قوي ۋە كالا || سويۇپ، ئۇنى ۋە ھەمراھلىرىنى ھەشەمەتلىك كۈتۈۋالدى ۋە يىھوشافاتنى ئۆزى بىلەن بىرگە گىلئادتىكى راموت شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۆندۈردى.
3ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخاب يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافاتتىن:
_ سىلى گىلئادتىكى راموتنى ئالغىلى مەن بىلەن بىللە باراملا؟ _ دەپ سورىدى.

يىھوشافات:

_ مەن سىلى بىلەن ئاتلىنىشقا تەييارمەن. ئادەملىرىمنى ئۆزلىرىنىڭ ئادەملىرى دەپ، بىلگەيلا. مەن سىلىگە جەڭدە ياردەمدە بولاي.
4لېكىن سىلى بۇنى ئالدى بىلەن پەرۋەردىگاردىن سورىسىلا! _ دېدى.
5شۇنىڭ بىلەن ئاخاب 400 پەيغەمبەرنى يىغىپ، ئۇلاردىن:
_ بىز راموتقا ھۇجۇم قىلىشقا بارساق بولامدۇ؟ _ دەپ سورىدى.

_ بارغايلا! خۇدا راموتنى قوللىرىغا تاپشۇرىدۇ، _ دېدى ئۇلار.

6بىراق يىھوشافات:
_ بۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن قالمىدىمۇ؟ ئەگەر قالسا، بىز بۇ ئىشنى ئۇنىڭدىن سورايلى، _ دېدى.

7_ پەرۋەردىگاردىن سورايدىغان يەنە بىرەيلەن بار، _ دېدى ئاخاب، _ لېكىن مەن ئۇنىڭغا ئۆچ، چۈنكى ئۇ مەن توغرۇلۇق ۋەھىي يەتكۈزگەندە، ھەمىشە ياخشى گەپ ئەمەس، يامان گەپ قىلىدۇ. ئۇ يىملاھنىڭ ئوغلى مىكايادۇر.
يىھوشافات:

_ پادىشاھ تۇرۇپ، بۇنداق دېسىلە بولمايدۇ! _ دېدى.

8شۇنىڭ بىلەن ئاخاب ئوردا ئەمەلدارلىرىدىن بىرەيلەننى چاقىرىپ، ئۇنى يىملاھنىڭ ئوغلى مىكايانى دەرھال ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇدى.
9ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخاب بىلەن يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافات شاھانە تونىنى كىيىپ، سامارىيەنىڭ شەھەر دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدىكى خاماندا ھەرقايسىسى ئۆز تەختىدە ئولتۇرۇشاتتى. پۈتۈن پەيغەمبەرلەر ئۇلارنىڭ ئالدىدا ۋەھىيلەرنى يەتكۈزدى.10پەيغەمبەرلەردىن بىرى كىنائاننىڭ ئوغلى زىدقىيا ئىدى. ئۇ تۆمۈردىن ياسالغان بىر جۈپ مۈڭگۈزنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئاخاب پادىشاھقا:
_ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سەن ئارراملارنى يوقاتمىغۇچە، بۇ مۈڭگۈزلەر بىلەن ئۇلارنى ئۈسۈپ تۇرىسەن»، _ دېدى.

11باشقا پەيغەمبەرلەرمۇ ئوخشاش سۆزنى قىلىپ:
_ راموتقا ھۇجۇم قىلغايلا، سىلى غەلىبە قىلىدىلا. پەرۋەردىگار شەھەرنى قوللىرىغا تاپشۇرىدۇ، _ دېيىشتى.

12بۇ چاغدا مىكايانى چاقىرغىلى بارغان ئەمەلدار مىكاياغا:
_ قاراڭ، ھەممە پەيغەمبەرلەر پادىشاھقا بىر ئېغىزدىن ياخشىلىقتىن بېشارەت بېرىشتى. سىزمۇ ئۇلارغا ئوخشاش ياخشىلىقتىن بېشارەت بەرگەيسىز، _ دېدى.

13لېكىن مىكايا:
_ مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، خۇدا نېمە دېسە مەن شۇنى دەيمەن، _ دېدى.

14مىكايا ئاخاب پادىشاھنىڭ ئالدىغا بارغاندا، پادىشاھ ئۇنىڭدىن:
_ مىكايا، بىز راموتقا ھۇجۇم قىلىشقا بارساق بولامدۇ؟ _ دەپ سورىدى.

_ ھۇجۇم قىلىشقايلا، غەلىبە قىلىشىدىلا. شەھەر قوللىرىغا تاپشۇرۇلىدۇ، _ دەپلا قويدى ئۇ.

15لېكىن پادىشاھ:
_ مەن سېنى، پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن سۆز قىلغىنىڭدا راستچىل بول، دەپ قانچە قېتىم قەسەم قىلدۇرىمەن؟ _ دېدى.

16مىكايا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى:
_ مەن ئىسرائىلىيە قوشۇنلىرىنىڭ خۇددى قويچىسىز قالغان قوي پادىسىدەك تاغقا تارقىلىپ كەتكەن كۆرۈنۈشنى كۆردۈم. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇ كىشىلەرنىڭ يېتەكچىسى يوق، ئۇلار ئۆز يۇرتىغا تىنچ-ئامان قايتسۇن!».

17ئاخاب يىھوشافاتقا:
_ مەن ئۆزلىرىگە بۇ ئادەم مەن ھەققىدە ۋەھىي يەتكۈزگەندە، ياخشى گەپ قىلماي، ھامان يامان گەپ قىلىدۇ، دېمىگەنمىدىم؟ _ دېدى.

18مىكايا يەنە مۇنداق دېدى:
_ شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار! مەن پەرۋەردىگارنىڭ تەختىدە ئولتۇرغىنىنى كۆردۈم. پۈتكۈل ساماۋى جامائەت ئۇنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە تۇراتتى.
19پەرۋەردىگار: «ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخابنىڭ جەڭدە ئۆلۈشى ئۈچۈن ئۇنى راموتقا بېرىشقا كىم ئازدۇرىدۇ؟» دەپ سورىدى. بەزىلەر بۇنداق دېسە، بەزىلەر ئۇنداق دېدى.20كېيىن بىر روھ چىقىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، «مەن ئازدۇرىمەن» دېدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭدىن «قانداق ئازدۇرىسەن؟» دەپ سورىدى.21ھېلىقى روھ «مەن ئاخابنىڭ پۈتۈن پەيغەمبەرلىرىنى يالغان ئېيتقۇزىمەن» دېدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا «سەن ئۇنى چوقۇم ئازدۇرالايسەن. بېرىپ، ئۇنى ئازدۇرغىن» دېدى.
22مىكايا ئەڭ ئاخىرىدا:
_ ئىشنىڭ جەريانى مانا شۇنداق. پەرۋەردىگار سىلىنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئۆزلىرىگە يالغان ئېيتقۇزدى. ئەمەلىيەتتە ئۇ سىلىگە بالايىئاپەت ياغدۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى! _ دېدى.

23شۇنىڭ بىلەن كىنائاننىڭ ئوغلى زىدقىيا مىكايانىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنى بىر كاچات ئۇرۇپ، ئۇنىڭدىن:
_ پەرۋەردىگارنىڭ روھى قانداقلارچە مەندىن ئايرىلىپ، ساڭا سۆز قىلىدۇ؟ _ دەپ سورىدى.

24_ بىر كۈنى سەن بىر ئۆينىڭ ئەڭ ئىچكىرىسىدىكى خانىسىغا يوشۇرۇنۇشقا مەجبۇر بولىسەن، شۇ كۈنى بىلىسەن، _ دەپ جاۋاب بەردى مىكايا.
25شۇنىڭ بىلەن ئاخاب ئەمەلدارغا مىكايانى تۇتۇپ، شەھەر باشلىقى ئامون بىلەن شاھزادە يوئاشنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىشنى بۇيرۇدى ۋە26ئەمەلدارغا:
_ سىلەر بېرىپ، ئۇلارغا: «پادىشاھ مۇنداق پەرمان قىلىدۇكى، ماۋۇ كىشىنى زىندانغا تاشلاپ، مەن ئامان-ئېسەن قايتىپ كەلگۈچە، ئۇنىڭغا جېنىنى ساقلىغۇدەكلا نان بىلەن سۇ بېرىڭلار» دېگىن، _ دەپ بۇيرۇدى.

27_ ئەگەر ئامان-ئېسەن قايتىپ كەلسىلە، بۇ پەرۋەردىگارنىڭ مەن ئارقىلىق سۆزىنى يەتكۈزمىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، _ دېدى مىكايا، _ ھەربىرلىرى سۆزۈمنى ئەسلىرىدە تۇتۇشقايلا.
28ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخاب بىلەن يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافات گىلئادتىكى راموت شەھىرىگە قارشى جەڭگە ئاتلاندى.29ئاخاب يىھوشافاتقا:
_ بىز جەڭگە چىققاندا، مەن قىياپىتىمنى ئۆزگەرتىۋالاي، سىلى شاھانە تونلىرىنى كىيىۋەرسىلە، _ دېدى.

شۇنداق قىلىپ ئاخاب قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ، جەڭگە كىردى.
30ئاررام پادىشاھى ھارۋىلىق لەشكەر باشلىرىغا: «سىلەر ئىسرائىلىيەنىڭ چوڭ-كىچىك لەشكەرلىرى بىلەن جەڭ قىلىپ يۈرمەي، ھۇجۇمنىڭ نىشانىنى ئىسرائىلىيە پادىشاھىغا قارىتىڭلار» دەپ بۇيرۇغانىدى.31شۇڭا ئۇلار يىھوشافاتنى كۆرگەندە، ئۇنى ئىسرائىلىيە پادىشاھى دەپ ئويلاپ، ھەممىسى ئۇنىڭغا بۇرۇلۇپ، ھۇجۇم قىلىشتى. يىھوشافات قورقۇپ ۋارقىرىۋەتتى. پەرۋەردىگار خۇدا ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ، ئارراملارنى ئۇنىڭدىن يىراقلاشتۇردى.32شۇندىلا ئۇلار ئۇنىڭ ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئەمەسلىكىنى بىلىپ، ئۇنى قوغلىماي كېتىپ قېلىشتى.33بىراق، بىر ئاررام لەشكىرى تاسادىپىي بىر ئوق ئېتىۋىدى، ئۇ ئوق دەل ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخابنىڭ قاسراقسىمان ساۋۇتىنىڭ ياپالمىغان يېرىگە تەگدى. ئاخاب جەڭ ھارۋىسىنى ھەيدىگۈچىگە ۋارقىراپ:
_ مەن يارىلاندىم، كەينىڭگە قايتىپ، جەڭدىن چېكىن! _ دېدى.

34لېكىن ئۇ كۈنى جەڭ شىددەتلىك بولدى. ئىسرائىلىيە پادىشاھى كەچ كىرگۈچە ھارۋىسىدا چىداپ ئولتۇرۇپ، ئارراملارغا يۈزلىنىپ تۇردى. كۈن پاتقاندا ئۇ جان ئۈزدى.

19

1يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافات يېرۇسالېمدىكى ئوردىسىغا ساق-سالامەت قايتىپ كەلدى.2خانانىنىڭ ئوغلى غايىبنى بىلگۈچى يېھۇ پادىشاھ يىھوشافاتنى كۈتۈۋالغىلى ئۇنىڭ ئالدىغا چىقتى ۋە ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:
_ سىز نېمىشقا رەزىللەرگە ياردەم قىلىسىز؟ پەرۋەردىگارغا ئۆچمەنلىك قىلىدىغانلارنى ياخشى كۆرەمسىز؟ سىز پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ قويدىڭىز.
3شۇنداق بولسىمۇ، سىز يەنە ياخشى ئىشلارنىمۇ قىلغانىكەنسىز. سىز يەھۇدىيەدىكى ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى يوق قىلىپ، خۇداغا چىن يۈرىكىڭىز بىلەن ئىنتىلدىڭىز.

يىھوشافاتنىڭ سوت مەھكىمىلىرىنى تەسىس قىلىشى

4شۇنىڭدىن كېيىن يىھوشافات يېرۇسالېمدا تۇرۇپ قالدى. ئۇ پۈتكۈل يەھۇدىيەنى ئايلىنىپ، بەئەرشەبادىن تاكى ئەفرايىم تاغلىق رايونىغىچە باردى ۋە خەلقىنى ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ يولىغا قايتىدىن قايتۇرۇپ ئەكەلدى.5ئۇ يەھۇدىيەنىڭ ھەرقايسى مۇستەھكەم شەھەرلىرىدە يېڭىدىن سوت مەھكىمىلىرىنى تەسىس قىلدى6ۋە ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
_ سىلەر ئىش بېجىرىشتە ئېھتىياتچان بولۇڭلار، چۈنكى سىلەر ئىنسان نامىدىن ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگارنىڭ نامىدىن ھۆكۈم چىقىرىسىلەر. سىلەر ھۆكۈم چىقارغان ۋاقتىڭلاردا پەرۋەردىگار سىلەرگە يار بولىدۇ.
7شۇڭا سىلەر پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىپ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش بېجىرىشىڭلار كېرەك، چۈنكى بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز خۇدا ناھەقچىلىق، تەرەپبازلىق، پارىخورلۇققا رۇخسەت قىلمايدۇ.
8يىھوشافات يەنە يېرۇسالېمدا بىر قىسىم لاۋىيلارنى، روھانىيلارنى، ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىنى سوتچى قىلىپ تەي ىنلىدى. ئۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىغا ئائىت مەسىلىلەرنى ۋە يېرۇسالېمنىڭ ئاھالىسىنىڭ ئەرزلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا بۇيرۇدى.9يىھوشافات ئۇلارغا بۇيرۇق قىلىپ، مۇنداق دېدى:
_ سىلەر پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىدىغان يۈرىكىڭلار، ساداقىتىڭلار ۋە پۈتۈن قەلبىڭلار بىلەن ئىش بېجىرىڭلار.
10ئەگەر ھەرقايسى شەھەرلەردىكى قېرىندىشىڭلار ئالدىڭلارغا ئەرز قىلىپ كەلسە، ئۇلار مەيلى قاتىللىق، مەيلى قانۇن، ئەمر-پەرمان، قائىدىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئەرزلەر بولسۇن، ھەممىسىدە ئۇلارنىڭ ئەيىبكار بولۇپ قالماسلىقى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنىڭ سىلەرگە ۋە قېرىندىشىڭلارغا چۈشمەسلىكى ئۈچۈن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇڭلار. سىلەر شۇنداق قىلساڭلارلا، ئەيىبسىز بولىسىلەر.11ئەگەر پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىغا مۇناسىۋەتلىك ئىش بولسا، باش روھانىي ئاماريا مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر پادىشاھنىڭ قانۇنىغا مۇناسىۋەتلىك ئىش بولسا، يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئىسمائىلنىڭ ئوغلى زىباديا مەسئۇل بولىدۇ. لاۋىيلار سىلەرگە كاتىپلىق قىلىدۇ. ئىش قىلغاندا يۈرەكلىك بولۇڭلار. ۋەزىپەڭلارنى ئادىل بېجىرسەڭلار، پەرۋەردىگار سىلەرگە يار بولىدۇ.

20

يىھوشافاتنىڭ غەلىبىسى

1كېيىن موئابلار، ئاممونلار ۋە مىئۇنلارنىڭ بىر قىسمى بىرلىكتە يىھوشافاتقا ھۇجۇم قىلغىلى كەلدى.2خەۋەرچىلەر يىھوشافاتقا مەلۇمات ئېلىپ كېلىپ، مۇنداق دېدى:
_ غايەت زور بىر قوشۇن ئۆلۈك دېڭىزنىڭ شەرقىدىن، يەنى ئىدومدىن كېلىۋاتىدۇ، ئۇلار ئاللىقاچان خازون-تامارغا (يەنى ئېنگەدى) بېسىپ كىردى.

3يىھوشافات قورقۇپ كەتتى. ئۇ چىن دىلى بىلەن پەرۋەردىگاردىن مەدەت تىلەش قارارىغا كېلىپ، پۈتۈن يەھۇدىيە دائىرىسىدە روزا تۇتۇشنى جاكارلىدى.4پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقى يەھۇدىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن يىغىلىپ، پەرۋەردىگاردىن مەدەت تىلىدى.5يىھوشافات پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ يېڭى ھويلىسىنىڭ ئالدىدا، يېرۇسالېم ۋە پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقىنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ،6مۇنداق دەپ دۇئا قىلدى:
_ ئى ئەجدادلىرىمىز ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇدا، سەن ئەرشتىكى خۇدا ئەمەسمۇ؟ سەن بارلىق پادىشاھلىقلار ۋە ئەللەرنىڭ ئىگىسىسەن، كۈچ-قۇدرەت سەندىدۇر، ھېچكىم سېنى توسالمايدۇ.
7ئى خۇدايىمىز، سەن ئىسرائىللارنىڭ كۆز ئالدىدا مۇشۇ تۇپراقتا ياشىغان خەلقلەرنى ھەيدەپ چىقىرىۋېتىپ، ئۇنى دوستۇڭ ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرىغا مەڭگۈلۈك مۈلۈك قىلىپ بەرگەن ئەمەسمىدىڭ؟!8سېنىڭ خەلقىڭ بۇ تۇپراقتا ياشاپ، سېنىڭ نامىڭغا ئاتاپ مۇقەددەس ئىبادەتخانا بەرپا قىلىپ:9«ئەگەر بىز مەيلى ئۇرۇش، مەيلى كېسەللىك ياكى ئاچارچىلىق بولسۇن مەلۇم بىر ئاپەتكە ئۇچرىساق، بۇ ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىدا ۋە سېنىڭ ھۇزۇرۇڭدا تۇرۇپ، چەككەن ئەرزىيەتلىرىمىزنى كۆتۈرۈۋېتىشىڭ ئۈچۈن سەندىن ياردەم تەلەپ قىلساق، سەن چوقۇم نىدايىمىزنى ئاڭلاپ، ياردەم قىلىسەن. چۈنكى سېنىڭ نامىڭ بۇ ئىبادەتخانىدا بار» دېيىشكەن ئەمەسمىدى؟
10سەن ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان ۋاقتىڭدا، ئىسرائىللارنىڭ ئاممونلار، موئابلار ۋە سەئىر تاغلىرىدا ياشايدىغان مىئۇنلارغا دەخلى قىلىشىغا رۇخسەت بەرمىگەنلىكىڭ ئۈچۈن، ئىسرائىللار ئۇلارنىڭ زېمىنلىرىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، ئۇلارنى ۋەيران قىلمىغانىدى.11لېكىن ھازىر بۇ خەلقلەر بىزگە ھۇجۇم قىلىپ، بىزنى سەن مۈلۈك قىلىپ بەرگەن بۇ زېمىندىن ھەيدىۋەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ.12ئى خۇدايىمىز، سەن ئۇلارنى جازالىمامسەن؟ بىزگە قارشى كېلىۋاتقان غايەت زور بۇ قوشۇننى توسقۇدەك بىزدە كۈچ يوق، بىز نېمە قىلىشىمىزنى بىلمەي، پەقەت ساڭىلا تەلپۈنمەكتىمىز.
13يەھۇدىيە ئەرلىرى ئاياللىرى ۋە بالا-چاقىلىرى بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرۇشتى.14پەرۋەردىگارنىڭ روھى جامائەت ئارىسىدا تۇرغان ياخازىئېلنىڭ ئۈستىگە چۈشتى. ياخازىئېل لاۋىيلاردىن بولغان ئاسافنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، ئۇ ماتتانيانىڭ چەۋرىسى، يىئىئېلنىڭ ئەۋرىسى، بىنايانىڭ نەۋرىسى، زىكىرىيانىڭ ئوغلى ئىدى.15ياخازىئېل مۇنداق دېدى:
_ ئەي پادىشاھ يىھوشافات ئالىيلىرى، يېرۇسالېم ۋە پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقى! سۆزۈمنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلاڭلار. پەرۋەردىگار سىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر دۈشمەننىڭ بەك كۆپلۈكىدىن قورقۇپ، || ئالاقزادە بولۇپ | بوشىشىپ كەتمەڭلار ||. چۈنكى ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسى سىلەرنىڭ ئىلكىڭلاردا ئەمەس، بەلكى مەن خۇدانىڭ ئىلكىدىدۇر.
16ئەتە ئۇرۇشقا چىقىڭلار. دۈشمەن زىز جىلغىسى بىلەن چىقىپ كېلىدۇ. ئۇلار بىلەن يىرۇئېل چۆلىدە ئۇچرىشىسىلەر.17سىلەرنىڭ ئۇرۇش قىلىشىڭلارنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. پەقەت جايىڭلارنى مەھكەم ساقلاپ، ئورنۇڭلاردىن مىدىرلىماڭلار. مەن پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرنى قانداق || قۇتقۇزىدىغانلىقىنى | قۇتقۇزىدىغانلىقىمنى || كۆرۈڭلار. ئەي يېرۇسالېملىقلار، يەھۇدىيەلىكلەر! قورقماڭلار، || ئالاقزادە بولماڭلار | بوشىشىپ كەتمەڭلار ||. ئەتە ئۇرۇشقا چىقىڭلار. مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە ياردۇرمەن.»
18شۇنىڭ بىلەن يىھوشافات يەرگە باش قويدى. يېرۇسالېم ۋە پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقى بېشىنى يەرگە قويۇپ، پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلدى.19قوھات ۋە كوراھ نەسلىدىن بولغان لاۋىيلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانى ناھايىتى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مەدھىيەلەشتى.
20ئەتىسى جامائەت ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، تىقوۋا چۆلىگە بارماقچى بولۇشتى. ئۇلار يولغا چىقىدىغان ۋاقىتتا يىھوشافات ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ، مۇنداق دېدى:
_ ئەي يېرۇسالېم ۋە پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقى، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار! ئەگەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئىشەنسەڭلار، مەزمۇت تۇرىسىلەر، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىشەنسەڭلار، غەلىبە قىلىسىلەر.

21يىھوشافات جامائەت بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، مۇراسىم كىيىمى كىيگەن، پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەيدىغان ناخشىچىلارنى لەشكەرلەرنىڭ ئالدىدا ماڭدۇردى. ئۇلار سەپنىڭ ئالدىدا: «پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر» دەپ ناخشا ئېيتىپ ماڭدى.22ئۇلار تەنتەنىلىك ھالدا ناخشا ئېيتىپ، پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلىگىلى باشلىغاندا، پەرۋەردىگار دۈشمەن لەشكەرلىرىگە بۆكتۈرمە قويۇپ، يەھۇدىيەلىكلەرگە ھۇجۇم قىلغىلى سەئىر تاغلىرىدىن كەلگەن مىئونلار ۋە ئاممون، موئاب لەشكەرلىرىنى مەغلۇپ قىلدى.23ئاممون ۋە موئابلار سەئىر تاغلىرىدىن كەلگەنلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى تەلتۆكۈس يوقاتقاندىن كېيىن، ئاممون ۋە موئابلار ئۆزئارا بىر-بىرىنى قىرغىن قىلىشقانىدى.
24يەھۇدىيەلىكلەر چۆلنى كۆرەلەيدىغان جايدىن دۈشمەن لەشكەرلىرىگە نەزەر تاشلاشتى. ئۇلار كۆردىكى، پۈتۈن دالا دۈشمەن لەشكەرلىرىنىڭ ئۆلۈكى بىلەن تولۇپ كەتكەنىدى، ئۇلارنىڭ بىرىمۇ ھايات قالمىغانىدى.25يىھوشافات ۋە ئۇنىڭ خەلقى ئولجىلارنى يىغقىلى باردى. ئۆلۈكلەرنىڭ ئارىسىدا ناھايىتى كۆپ مال-مۈلۈك، كىيىم-كېچەك، قىممەت باھالىق بۇيۇملار بار ئىدى. ئولجىلارنىڭ شۇنچىلىك كۆپلۈكىدىن ئۇلار بىر قېتىمدا توشۇپ بولالماي، ئۈچ كۈن توشىدى.26تۆتىنچى كۈنى ئۇلار بىر جىلغىغا يىغىلىپ، پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ئوقۇدى. (شۇندىن باشلاپ بۇ جىلغىنىڭ نامى تاكى ھازىرغىچە بىراكا [مەنىسى «بەخت»] جىلغىسى دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.)
27يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەلىكلەر يىھوشافاتنىڭ رەھبەرلىكىدە تەنتەنە بىلەن يېرۇسالېمغا قايتتى. چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدۇرغانىدى.28ئۇلار يول بويى چىلتار، لىرا ۋە كاناي چېلىپ، يېرۇسالېمغا كەلدى-دە، ئۇدۇل پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا باردى.29پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ دۈشمەنلىرىنى يەڭگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئەتراپىدىكى خەلقلەر پەرۋەردىگاردىن قورقۇشقا باشلىدى.30يىھوشافات ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە ئەلدە تىنچ-ئامانلىق بولدى، چۈنكى ئۇ ئىشەنگەن خۇدا ئۇنىڭ چېگرالىرىغا تىنچلىق ئاتا قىلغانىدى.
31يىھوشافات يەھۇدىيەدە تەختكە چىققان چاغدا 35 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 25 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى شىلخىنىڭ قىزى ئازۇبا ئىدى.32يىھوشافات پۈتۈنلەي ئاتىسى ئاسا ماڭغان يولدا مېڭىپ، ھېچ ياققا ئېغىشماي، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى.33بىراق سەجدىگاھلارنى يوقىتىۋېتەلمىدى. خەلق يەنىلا ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلغان خۇداغا چىن قەلبىدىن ئەگەشمىدى.
34يىھوشافات پادىشاھنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىسى»نىڭ بىر قىسمى بولغان خانانىنىڭ ئوغلى «يېھۇنىڭ تەزكىرىسى»گە پۈتۈلگەندۇر.35كېيىنكى ۋاقىتلاردا يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافات يامان ئىشلارنى قىلىدىغان ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخازيا بىلەن ئىتتىپاقلاشتى.36ئۇلار تارشىشقا بېرىش ئۈچۈن كېمىلەرنى ياسىتىشقا كېلىشتى. بۇ كېمىلەرنى ئەزيون-گەبەردە ياساتتى.37شۇنىڭ بىلەن دوداۋانىڭ ئوغلى مارېشالىق ئەلىئەزەر يىھوشافاتقا قارشى ۋەھىي يەتكۈزۈپ:
_ سىز ئاخازيا بىلەن ئىتتىپاقلاشقاچقا، پەرۋەردىگار سىز ياساتقان كېمىلەرنى ۋەيران قىلىدۇ، _ دېدى. دەرۋەقە كېمىلەر پارچىلىنىپ كېتىپ، ئۇلار تارشىشقا بارالمىدى.

21

1يىھوشافات ۋاپات بولۇپ، ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يېنىغا، «داۋۇت شەھىرى»گە دەپنە قىلىندى. ئوغلى يىھورام ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.
2يىھورامنىڭ ئازاريا، يىخىئېل، زىكىرىيا، ئازارياھۇ، مىكائىل، شىفاتيا دېگەن ئىنىلىرى بار ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافاتنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى.3ئۇلارنىڭ ئاتىسى ئۇلارغا كۈمۈش، ئالتۇن ۋە باشقا نۇرغۇن قىممەت باھالىق نەرسىلەرنى سوۋغات قىلغاندىن سىرت، يەنە ئۇلارغا يەھۇدىيەنىڭ مۇستەھكەم شەھەرلىرىدىن ھەدىيە قىلدى. لېكىن پادىشاھلىقىنى يىھورامغا بەردى، چۈنكى ئۇ تۇنجى ئوغلى ئىدى.

پادىشاھ يىھورامنىڭ بۇتپەرەسلىكى

4يىھورام پادىشاھلىققا ھۆكۈمران بولغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ كۈچىنى كۆرسىتىپ، ئىنىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ۋە ئەمەلدارلىرىنىڭ بەزىلىرىنى چېپىپ تاشلىدى.5يىھورام تەختكە چىققان چاغدا 32 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا سەككىز يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى.6يىھورام ئاخابنىڭ قىزىنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ، خۇددى ئاخاب جەمەتىدىكىلەرنىڭ قىلغىنىدەك، ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ يولىدا مېڭىپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى.7لېكىن، پەرۋەردىگار داۋۇتقا ئەھدە قىلغان خانىدانلىقىنى ۋەيران قىلىشنى خالىمىدى. چۈنكى پەرۋەردىگار داۋۇتنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرمەي، ئۇنىڭ تەختىنى ئەۋلادلىرىنىڭ مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇشىغا ۋەدە بەرگەنىدى.
8يىھورام پادىشاھ ۋاقتىدا ئىدوملۇقلار يەھۇدىيەدىن يۈز ئۆرۈپ، ئۆزلىرىگە ئايرىم بىر پادىشاھ تىكلىۋالدى.9شۇنىڭ بىلەن يىھورام لەشكەر باشلىرى ۋە بارلىق جەڭ ھارۋىلىرىنى ئېلىپ ئۇرۇشقا باردى. ئۇ كېچىسى ئورنىدىن تۇرۇپ، ھارۋىلىق لەشكەر باشلىرى بىلەن بىرگە ئۆزلىرىنى قورشاپ تۇرغان ئىدوملۇقلار ئارىسىدىن قېچىپ چىقتى.10شۇنىڭدىن كېيىن ئىدوملۇقلار تاكى ھازىرغىچە يەھۇدىيەگە قارشى چىقىپ كەلمەكتە. شۇ چاغدا لىبناھلىقلارمۇ يەھۇدىيەگە قارشى چىقىشقانىدى. چۈنكى يىھورام ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇدادىن يۈز ئۆرۈگەنىدى.11ئۇنىڭ ئۈستىگە يىھورام يەھۇدا تاغلىرىدا غەيرىي سەجدىگاھلارنى بەرپا قىلىپ، يېرۇسالېم ۋە پۈتۈن يەھۇدىيە ئاھالىسىنى خۇددى پاھىشىلەردەك پەرۋەردىگارغا ساداقەتسىزلىك قىلىشقا ئازدۇردى.12ئىلياس پەيغەمبەر يىھورامغا مۇنداق دەپ مەكتۇپ يوللىدى:

«ئەجدادىڭ داۋۇت ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇدا مۇنداق دەيدۇ: ‹سەن ئاتاڭ يىھوشافاتنىڭ يولىدىن ھەم بوۋاڭ ئاسانىڭ ئىزىدىن ماڭماي،
13ئەكسىچە ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ يولىدا ماڭدىڭ. ئاخاب ئائىلىسى ئىسرائىلىيەلىكلەرنى مەن پەرۋەردىگارغا ساداقەتسىزلىك قىلىشقا ئازدۇرغاندەك سەنمۇ يەھۇدا ۋە يېرۇسالېم ئاھالىسىنى ئازدۇردۇڭ ھەم سەندىن ياخشى بولغان ئۆز ئىنىلىرىڭنى ئۆلتۈردۈڭ.14شۇڭا مەن پەرۋەردىگار خەلقىڭگە، قىز-ئوغۇللىرىڭغا، خوتۇنلىرىڭغا ھەم مال-مۈلۈكلىرىڭگە ئېغىر ئاپەت كەلتۈرىمەن.15سەن ئۈچەي كېسىلىگە گىرىپتار بولىسەن، كېسىلىڭ كۈنسېرى ئېغىرلاپ، ئۈچەيلىرىڭ تېشىغا ساڭگىلاپ قالىدۇ.›»

16پەرۋەردىگار فىلىستىيەلىكلەر ۋە كۇشلارنىڭ يېنىدا ياشايدىغان ئەرەبلەرنى يىھورامغا قارشى قوزغىدى.17ئۇلار يەھۇدىيەگە ھۇجۇم قىلىپ، چېگراسىدىن بېسىپ كىردى ۋە ئوردىغا تەۋە بارلىق بايلىقلارنى ئولجا ئالدى. يىھورامنىڭ بالىلىرى ۋە خوتۇنلىرىنى ئەسىر قىلدى. پەقەت پادىشاھنىڭ كەنجى ئوغلى ئاخازيا قالدى.
18بۇ ئىشلاردىن كېيىن، پەرۋەردىگار يىھورامنى ساقايمايدىغان ئۈچەي كېسىلىگە گىرىپتار قىلدى.19كېسىلى كۈنسېرى ئېغىرلاپ، ئىككى يىلدىن كېيىن ئۈچەيلىرى تېشىغا ساڭگىلاپ، ئېغىر ئازاب بىلەن ئۆلدى. ئۇنىڭ پۇقرالىرى ئۇنىڭ ئەجدادلىرىغا ئوت يېقىپ تەزىيە بىلدۈرگەندەك، ئۇنىڭغا تەزىيە بىلدۈرمىدى.20يىھورام تەختكە چىققان چاغدا 32 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 8 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇ ئۆلگەندە ھېچكىم قايغۇرمىدى. ئۇ «داۋۇت شەھىرى»گە دەپنە قىلىندى، لېكىن پادىشاھ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنمىدى.

22

پادىشاھ ئاخازيا

1يېرۇسالېمنىڭ ئاھالىسى يىھورامنىڭ كەنجى ئوغلى ئاخازيانى ئاتىسىنىڭ ئورنىغا پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. چۈنكى ئۇنىڭ ئاكىلىرىنى ئەرەبلەر ۋە ئۇلارغا ئەگىشىپ كەلگەنلەر بارگاھقا ھۇجۇم قىلغاندا ئۆلتۈرۈۋەتكەنىدى. شۇنىڭ بىلەن يىھورامنىڭ ئوغلى ئاخازيا يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلدى.2ئۇ تەختكە چىققان چاغدا 22 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا بىر يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى ئومرىنىڭ نەۋرىسى ئاتاليا ئىدى.3ئاخازيانىڭ ئانىسى ئاتاليا ئۇنىڭغا يامان ئىشلارنى قىلىشقا مەسلىھەت بەرگەچكە، ئۇمۇ خۇددى ئاخاب جەمەتىدىكىلەرگە ئوخشاش، ئۇلارنىڭ يولىنى تۇتۇپ،4پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. ئاخازيانىڭ ئاتىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئاخاب جەمەتىدىكىلەر ئۇنىڭ مەسلىھەتچىلىرى بولدى ۋە ئۇنى ھالاكەتكە باشلىدى.
5ئاخازيا ئۇلارنىڭ مەسلىھەتىگە كىرىپ، ئاخابنىڭ ئوغلى _ ئىسرائىلىيە پادىشاھى يورامغا ئەگىشىپ، ئاررام پادىشاھى خازائېلغا قارشى جەڭ قىلغىلى گىلئادتىكى راموت شەھىرىگە باردى. ئارراملار يورامنى يارىلاندۇردى.6شۇنىڭ بىلەن ئۇ يارىسىنى ساقايتىش ئۈچۈن يىزرىئەلگە قايتىپ كەتتى. ئاخازيا ئۇنى يوقلاپ باردى.7لېكىن ئۇنىڭ يورامنى يوقلىشى ئۆزىنىڭ ھالاكىتىنىڭ سەۋەبى بولدى، چۈنكى خۇدا بۇنى ئىرادە قىلغانىدى. ئاخازيا يورامنى يوقلاپ بارغان ۋاقتىدا، ئۇلار بىرلىكتە نىمشىنىڭ نەۋرىسى يېھۇ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىغا بارغانىدى. پەرۋەردىگار بولسا، يېھۇنى ئاخابنىڭ جەمەتىدىكىلەرنى قىرىپ تاشلىشى ئۈچۈن تاللىغانىدى.8يېھۇ خۇدانىڭ ھۆكۈمىنى ئىجرا قىلىپ، ئاخابنىڭ جەمەتىنى قەتل قىلغان ۋاقتىدا، ئاخازيانىڭ خىزمىتىنى قىلىۋاتقان يەھۇدىيە سەركەردىلىرىنى ھەمدە ئاخازيانىڭ جىيەنلىرىنى ئۇچرىتىپ قېلىپ، ئۇلارنىمۇ ئۆلتۈردى.9يېھۇ ئاخازيانى ئىزدىدى. ئاخازيا سامارىيە شەھىرىگە قېچىپ بېرىپ مۆكۈۋالغانىدى. يېھۇنىڭ ئادەملىرى ئۇنى تۇتۇپ، يېھۇنىڭ ئالدىغا ئەكەلدى ۋە ئۇنى ئۆلتۈردى. لېكىن ئۇنى يەنىلا دەپنە قىلدى، چۈنكى ئاخازيا يىھوشافاتنىڭ نەۋرىسى بولغانلىقى ۋە يىھوشافات ھايات ۋاقتىدا جان-دىلى بىلەن پەرۋەردىگارغا ئىنتىلىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلار ئۇنىڭ ھۆرمىتىنى قىلغانىدى. نەتىجىدە ئاخازيانىڭ قېرىنداشلىرىدىن پادىشاھلىققا ھۆكۈمرانلىق قىلغۇدەك قۇرامىغا يەتكەن ھېچبىر ئادەم قالمىدى.

ئاتاليانىڭ يەھۇدىيەدە زوراۋانلىق قىلىشى

10ئاخازيانىڭ ئانىسى ئاتاليا ئوغلىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، يەھۇدىيە پادىشاھ جەمەتىنىڭ بارلىق ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرۈش نىيىتىگە كەلدى.11لېكىن پادىشاھ يىھورامنىڭ قىزى يىھوشەبا پادىشاھ ئاخازيانىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرغان ئوغۇللىرى ئارىسىدىن يوئاش ئىسىملىك ئوغلىنى ئېلىپ چىقىپ، ئۇنى ئىنىكئانىسى بىلەن بىرگە كىچىك بىر ھۇجرىغا يوشۇرۇپ قويدى. پادىشاھ يىھورامنىڭ قىزى، يەنى باش روھانىي يىھويادانىڭ ئايالى ۋە ئاخازيانىڭ سىڭلىسى بولغان يىھوشەبا بالىنى ئاتاليادىن يوشۇرۇپ قالغاچقا، ئاتاليا ئۇنى قەتل قىلالمىدى.12ئاتاليا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان مەزگىلدە يوئاش ئۇلار بىلەن بىرلىكتە خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئالتە يىل يوشۇرۇنۇپ تۇردى.

23

يوئاشنىڭ پادىشاھلىققا تىكلىنىشى

1يەتتىنچى يىلى باش روھانىي يىھويادا قاتتىق جاسارەتكە كېلىپ، يۈزبېشىلار، يەنى يىروخامنىڭ ئوغلى ئازاريا، يىھوخاناننىڭ ئوغلى ئىسمائىل، ئوبېدنىڭ ئوغلى ئازاريا، ئادايانىڭ ئوغلى مائاسېيا ۋە زىكرىنىڭ ئوغلى ئېلىشافات بىلەن بىر نىيەتكە كېلىشتى.2ئۇلار يەھۇدىيەنى ئايلىنىپ، يەھۇدىيەنىڭ بارلىق شەھەرلىرىدىن لاۋىيلارنى ۋە جەمەت باشلىقلىرىنى يېرۇسالېمغا يىغدى.3يىغىلغانلار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا پادىشاھلىق تەختىگە چىقىدىغان يوئاش بىلەن ئەھدە تۈزدى. باش روھانىي يىھويادا ئۇلارغا:
_ مانا، بۇ پادىشاھنىڭ ئوغلىدۇر! پەرۋەردىگار داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى ھەققىدە ئېيتقىنىدەك، ئۇ پادىشاھ بولسۇن، _ دېدى ۋە سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى،
4_ سىلەر ئەمدى مۇنداق قىلىڭلار: كېلەركى دەم ئېلىش كۈنى نۆۋەتچىلىك قىلىدىغان روھانىي ۋە لاۋىيلاردىن ئۈچتىن بىرىڭلار دەرۋازىۋەن بولۇڭلار.5يەنە بىر ئۈچتىن بىرىڭلار پادىشاھ ئوردىسىدا مۇھاپىزەتتە تۇرۇڭلار. قالغان ئۈچتىن بىرىڭلار «ئۇل دەرۋازىسى»دا مۇھاپىزەتتە تۇرۇڭلار. باشقىلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ھويلىلىرىدا بولسۇن.6لېكىن روھانىيلار ۋە نۆۋەتچىلىك قىلىدىغان لاۋىيلاردىن باشقا ھېچكىم پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا كىرمىسۇن. پەقەتلا ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئاتالغاندۇر. قالغانلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلىپ، ئىبادەتخانىغا كىرمىسۇن.7قالغان لاۋىيلار قوراللىنىپ، يوئاشنىڭ تۆت ئەتراپىدا تۇرۇپ، ئۇنى قوغدىسۇن. بىرەرسى ئىبادەتخانىغا كىرمەكچى بولسا، ئۆلتۈرۈلسۇن. يوئاش مەيلى نەدە تۇرمىسۇن، سىلەر ئۇنىڭ يېنىدىن ئايرىلماڭلار.
8لاۋىيلار ۋە يەھۇدىيەلىكلەر باش روھانىي يىھويادانىڭ بۇيرۇقلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىجرا قىلىشتى. باش روھانىي يىھويادا نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقانلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ئۆيىگە كېتىشىگە ئىجازەت بەرمىدى. شۇ دەم ئېلىش كۈنىدە مەيلى نۆۋەتچىلىكتىن چۈشكەنلەر، مەيلى نۆۋەتچىلىككە چىققانلار بولسۇن، ھەممىسى ئۆز ئادەملىرىنى ئېلىپ كېلىشتى.9باش روھانىي يىھويادا بۇرۇن داۋۇت پادىشاھقا تەۋە بولغان، ھازىر خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان نەيزە ۋە چوڭ-كىچىك قالقانلارنى يۈزبېشىلارغا تاپشۇردى.10باش روھانىي يىھويادا يوئاشنى قوغداش ئۈچۈن ئىبادەتخانىدىكى پۈتۈن كىشىلەرنى قوللىرىدا قورال-ياراغلىرىنى تۇتقان ھالدا ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىدا، جەنۇبتىن شىمالغا سوزۇلغان ھالەتتە قۇربانلىق سۇپىسى ۋە يوئاشنى چۆرىدەپ تۇرغۇزدى.11باش روھانىي يىھويادا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى پادىشاھنىڭ ئوغلى يوئاشنى ئېلىپ چىقىپ، بېشىغا تاج كىيدۈردى. ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىدىن بىر نۇسخىنى تاپشۇرۇپ، ئۇنى پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. ئۇلار يوئاشنىڭ بېشىغا زەيتۇن يېغىنى قۇيدى. خەلق «ياشىسۇن پادىشاھ!» دەپ توۋلاشتى.
12ئاتاليا خەلقنىڭ يۈگۈرگەن ئاۋازلىرىنى ۋە پادىشاھنى مەدھىيەلەش سادالىرىنى ئاڭلاپ، ئىبادەتخانىغا يىغىلغان كىشىلەرنىڭ يېنىغا باردى.13شۇ چاغدا يوئاش ئىبادەتخانىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى «پادىشاھ تۈۋرۈكى»نىڭ يېنىدا، يۈزبېشىلار ۋە كانايچىلارنىڭ ئارىسىدا تۇراتتى. ئاتاليا خەلقنىڭ خۇشاللىققا چۆمۈپ، كاناي چېلىۋاتقانلىقىنى ۋە نەغمىچىلەرنىڭ مۇزىكا چېلىپ، مەدھىيەلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كىيىملىرىنى يىرتتى ۋە «ئاسىيلىق، ئاسىيلىق!» دەپ ۋارقىراپ كەتتى.
14باش روھانىي يىھويادا ئاتاليانىڭ ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىسىدا ئۆلتۈرۈلۈشىنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن، قوشۇننىڭ يۈزبېشىلىرىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا:
_ بۇ خوتۇننى ئېلىپ چىقىپ كېتىڭلار! كىمكى ئۇنىڭغا ئەگىشىدىكەن، ئۇنى چېپىپ تاشلاڭلار، _ دېدى.

15شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنى ئېلىپ چىقىپ، ئوردىنىڭ ئالدىغا ئەكەلدى ۋە ئۇنى ئاتلىقلار كىرىدىغان دەرۋازىدا ئۆلتۈرۈۋەتتى.
16باش روھانىي يىھويادا يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ سادىق خەلقى بولۇشى ئۈچۈن ئۆزى بىلەن پادىشاھ ۋە پۈتۈن خەلق ئوتتۇرىسىدا ئەھدە تۈزدى.17ئاندىن پۈتۈن خەلق بائالنىڭ بۇتخانىسىغا بېرىپ، بۇتخانىنى چېقىۋېتىشتى. ئۇلار بائالنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرى ۋە بۇتلىرىنى بۇزۇپ تاشلاپ، بائالنىڭ روھانىيسى ماتتاننى قۇربانلىق سۇپىلىرى ئالدىدا ئۆلتۈردى.
18باش روھانىي يىھويادا داۋۇتنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئاساسەن پەرۋەردىگارىمىز ئىبادەتخانىسىنىڭ نازارىتىنى روھانىيلار ۋە لاۋىيلارغا تاپشۇردى. ئۇلارغا مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدا يېزىلغىنىدەك پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار سۇنۇشنى ۋە داۋۇت ئەمر قىلغاندەك شاد-خۇراملىق بىلەن ناخشا ئېيتىشنى بۇيرۇدى.19نېمە سەۋەبتىن ناپاك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھېچقانداق ناپاك ئادەم كىرمىسۇن دەپ، دەرۋازىۋەنلەرنى ئىبادەتخانىنىڭ دەرۋازىلىرىغا تۇرغۇزدى.
20ئۇ يەنە يۈزبېشىلار، كاتتا زاتلار، يۇقىرى ئەمەلدارلار ۋە شۇ يەردىكى پۈتۈن خەلقنى باشلاپ، پادىشاھنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىن ئېلىپ چىقىپ، يۇقىرى دەرۋازا ئارقىلىق ئوردىغا كىردى. ئاندىن يوئاشنى پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇرغۇزدى.21پۈتۈن خەلق خۇشاللىققا چۆمۈپ، شەھەر خاتىرجەم بولدى. چۈنكى ئاتاليا قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرۈلگەنىدى.

24

يوئاشنىڭ ئىبادەتخانىنى ئوڭشىتىشى

1يوئاش تەختكە چىققان چاغدا يەتتە ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا قىرىق يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى بەئەرشەبا شەھىرىدىن بولۇپ، ئىسمى زىبياھ ئىدى.2يوئاش باش روھانىي يىھويادانىڭ ھايات ۋاقتىدا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى.3روھانىي يىھويادا يوئاشقا ئىككى خوتۇن ئېلىپ بەردى. ئۇلار يوئاشقا ئوغۇل-قىزلارنى تۇغۇپ بەردى.
4شۇنىڭدىن كېيىن يوئاش پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى ئوڭشىتىش نىيىتىگە كەلدى.5ئۇ روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنى يىغىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
_ سىلەر يەھۇدىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىگە بېرىپ، خەلقتىن سېلىق يىغىپ كېلىڭلار. ئۇنى ھەر يىلى ئىبادەتخانىنى ئوڭشاش ئۈچۈن خىراجەت قىلىڭلار. سىلەر بۇ ئىشنى دەرھال باشلاڭلار.

لېكىن لاۋىيلار بۇ ئىشنى دەرھال باشلىمىدى.
6پادىشاھ يوئاش باش روھانىي يىھويادانى چاقىرتىپ، ئۇنىڭدىن سورىدى:
_ سىز نېمە ئۈچۈن لاۋىيلارنى يېرۇسالېم ۋە پۈتۈن يەھۇدىيەگە بېرىپ، سېلىق يىغىشقا بۇيرۇمايسىز؟ بۇ سېلىقنى يىغىشنى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا ئىسرائىل جامائىتىگە بېكىتكەنىدى، ئۇنى ئەھدە چېدىرى ئۈچۈن ئىشلىتەتتى.

7رەزىل ئايال ئاتاليانىڭ شېرىكلىرى خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا باستۇرۇپ كىرىپ، ھەتتا ئۇ يەردىكى پەرۋەردىگارغا بېغىشلانغان بۇيۇملارنى ئېلىپ كېتىپ، ئۇنى بائالنىڭ مۇراسىمىدا ئىشلەتكەنىدى.
8شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، بىر ساندۇق ياسىتىپ، ئۇنى ئىبادەتخانىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا قويدۇرۇپ قويدى.9ئاندىن ئۇ يېرۇسالېملىقلار ۋە پۈتۈن يەھۇدىيەلىكلەرگە ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا ئىسرائىل جامائىتىگە چۆلدىكى ۋاقتىدا بېكىتكەن سېلىقلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، پەرۋەردىگارغا ئاتىشىنى بۇيرۇدى.10پۈتۈن يولباشچىلار ۋە جامائەت خۇشاللىق بىلەن كېلىپ، تاكى ساندۇق تولغۇچە ئۆزلىرىنىڭ كۈمۈشلىرىنى سېلىشتى.11ساندۇق تولغان ھامان لاۋىيلار كېلىپ، ساندۇقنى ئوردىغا ئېلىپ مېڭىشتى. پادىشاھنىڭ خەزىنىچىسى ۋە باش روھانىينىڭ ۋاكالەتچىسى ساندۇقنى بوشاتقاندىن كېيىن يەنە ئەسلىدىكى ئورنىغا ئاپىرىپ قويدى. ئۇلار ھەر كۈنى شۇنداق قىلىپ، كۆپ مىقداردا كۈمۈش توپلىدى.12پادىشاھ ۋە باش روھانىي يىھويادا توپلانغان كۈمۈشلەرنى ئىبادەتخانىغا مەسئۇل قۇرۇلۇش نازارەتچىلىرىگە تاپشۇرۇپ بەردى. ئۇلار تاشچى، ياغاچچى، تۆمۈرچى ۋە تۇچچىلارنى ياللاپ، ئىبادەتخانىنى ئوڭشاتتى.13ئىشلەمچىلەر تىرىشىپ ئىشلىدى. قۇرۇلۇش ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلدى. خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى ئەسلىگە كېلىپلا قالماي، بەلكى تېخىمۇ مەزمۇت بولدى.14قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن، ئېشىپ قالغان كۈمۈشلەرنى پادىشاھ ۋە باش روھانىي يىھوياداغا تاپشۇرۇپ بەردى. بۇ كۈمۈشلەرنى ئىبادەتخانىنىڭ مۇراسىملىرىدا ئىشلىتىلىدىغان بۇيۇملارنى ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلاردا ئىشلىتىلىدىغان ئىسرىق تەخسىلىرىنى ۋە باشقا ئالتۇن-كۈمۈش قاچىلارنى ياساشقا ئىشلەتتى. باش روھانىي يىھويادا ھايات ۋاقتىدا خەلق داۋاملىق پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى قىلىپ تۇردى.
15باش روھانىي يىھويادا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ، 130 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.16ئۇ «داۋۇت شەھىرى»دىكى پادىشاھ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى، چۈنكى ئۇ ئىسرائىللار ئۈچۈن، خۇدا ۋە خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن كۆپ ياخشى ئىشلارنى قىلغانىدى.

يوئاشنىڭ پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈشى

17باش روھانىي يىھويادا ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، يەھۇدىيەنىڭ يولباشچىلىرى پادىشاھنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭغا تەزىم قىلىشتى. پادىشاھ ئۇلارنىڭ مەسلىھەتىگە قۇلاق سالدى.18ئۇلار ئەجدادلىرىنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنى تەرك ئېتىپ، ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىغا ۋە باشقا بۇتلارغا چوقۇندى. ئۇلارنىڭ بۇ گۇناھلىرى سەۋەبىدىن، خۇدا يېرۇسالېم ۋە پۈتۈن يەھۇدىيەگە غەزىپىنى ياغدۇرماقچى بولدى.19لېكىن پەرۋەردىگار يەنىلا ئۇلارنىڭ ئارىسىغا پەيغەمبەرلەر ئەۋەتىپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ يولىغا قايتۇرۇپ كەلمەكچى بولدى. پەيغەمبەرلەر ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار پەرۋا قىلمىدى.20خۇدانىڭ روھى باش روھانىي يىھويادانىڭ ئوغلى زىكىرىياغا چۈشتى. ئۇ خەلقنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
_ خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر نېمىشقا مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىگە خىلاپلىق قىلىسىلەر؟ راھەت-پاراغەتكە ئېرىشكۈڭلار يوقمىدى؟ سىلەر مېنى تاشلىغانىكەنسىلەر. ئەمدى مەنمۇ سىلەرنى تاشلايمەن!»

21يەھۇدىيەلىكلەر زىكىرىياغا سۇيىقەست قىلماقچى بولۇشتى. پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ھويلىسىدا ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈشتى.22پادىشاھ يوئاش زىكىرىيانىڭ دادىسى يىھويادانىڭ ئۆزىگە كۆرسەتكەن ئىلتىپاتلىرىغا قارىماي، ئۇنىڭ ئوغلىنى ئۆلتۈردى. زىكىرىيا ئۆلىدىغان ۋاقتىدا: «پەرۋەردىگار قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ، جازايىڭلارنى بەرسۇن» دېدى.

يوئاشنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى

23كېيىنكى يىلى ئەتىيازدا ئارراملارنىڭ قوشۇنى يوئاشقا ھۇجۇم قىلىپ، يېرۇسالېم ۋە پۈتۈن يەھۇدىيەگە بېسىپ كىردى. ئۇلار خەلق ئارىسىدىكى بارلىق يولباشچىلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئالغان ئولجىلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ دەمەشقتىكى پادىشاھىغا ئەۋەتىپ بەردى.24گەرچە ھۇجۇم قىلغانلار ئاررام قوشۇنىنىڭ كىچىك بىر تارمىقى بولسىمۇ، ئەمما پەرۋەردىگار يوئاشنىڭ ناھايىتى چوڭ قوشۇنىنى ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ، يوئاشنى جازالىدى. چۈنكى يەھۇدىيەلىكلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادلىرىنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدادىن ۋاز كەچكەنىدى.
25ئاررام لەشكەرلىرى چېكىنگەن ۋاقتىدا يوئاش ئېغىر يارىلانغانىدى. ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭغا سۇيىقەست قىلىپ، ئۇنى ياتقان يېرىدە ئۆلتۈرۈپ، باش روھانىي يىھويادانىڭ ئوغلىنىڭ قىساسىنى ئالدى. يوئاش ئۆلگەندىن كېيىن «داۋۇت شەھىرى»گە دەپنە قىلىندى، لېكىن پادىشاھ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنمىدى.26يوئاشقا سۇيىقەست قىلغانلار شىمئات ئىسىملىك ئاممونلۇق ئايالنىڭ ئوغلى زاباد بىلەن شىمرىت ئىسىملىك موئابلىق ئايالنىڭ ئوغلى يىھوزاباد ئىدى.27يوئاشنىڭ ئوغۇللىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار، ئۇ ھەققىدىكى ۋەھىيلەر ۋە ئۇنىڭ خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنى ئوڭشاتقانلىقى ھەققىدىكى بايانلار «پادىشاھلار تەزكىرىسىگە ئىزاھاتلار»غا پۈتۈلگەندۇر. يوئاشنىڭ ئوغلى ئامازيا ئۇنىڭ پادىشاھلىقىغا ۋارىسلىق قىلدى.

25

ئامازيانىڭ ئىدوم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشى

1ئامازيا تەختكە چىققان چاغدا 25 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 29 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى يېرۇسالېملىق بولۇپ، ئىسمى يىھوئاددان ئىدى.2ئامازيا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلغان بولسىمۇ، لېكىن چىن دىلى بىلەن قىلغان ئەمەس ئىدى.
3ئامازيا پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەملىگەندىن كېيىن، ئاتىسىنى قەتل قىلغان ئەمەلدارلارنى ئۆلتۈردى.4لېكىن ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرمىدى، چۈنكى مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدا پەرۋەردىگارنىڭ: «ئوغلىنىڭ گۇناھى سەۋەبىدىن ئاتىسىنى ئۆلتۈرۈشكە بولمايدۇ، ئاتىسىنىڭ گۇناھى سەۋەبىدىن ئوغلىنى ئۆلتۈرۈشكىمۇ بولمايدۇ. ھەركىم ئۆز گۇناھى ئۈچۈن ئۆلۈشى كېرەك» دېگەن ئەمرى يېزىلغانىدى.
5ئامازيا يەھۇدىيەلىكلەرنى يىغىپ، يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىلىرى بويىچە مىڭبېشىلار ۋە يۈزبېشىلارنى تەيىنلىدى. ئاندىن يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى نەيزە ۋە قالقان ئىشلىتەلەيدىغان ھەم ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان كىشىلەرنى ساناپ چىقتى. ئۇلار جەمئىي 300 مىڭ سەرخىل ئادەم ئىدى.6ئۇ يەنە ئۈچ يېرىم توننا كۈمۈشكە ئىسرائىلىيەدىن 10 مىڭ خىللانغان لەشكەر ياللىدى.7ئەمما بىر پەيغەمبەر ئامازيانىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ، مۇنداق دېدى:
_ ئى پادىشاھى ئالەم، ئىسرائىلىيە لەشكەرلىرى سىلى بىلەن بىرگە بارمىسۇن، چۈنكى پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيەلىكلەرگە يار ئەمەستۇر.
8سىلەر باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلساڭلارمۇ، خۇدا سىلەرنى دۈشمىنىڭلارنىڭ ئالدىدا مەغلۇپ قىلىدۇ. چۈنكى غەلىبە قىلدۇرىدىغىنىمۇ، مەغلۇپ قىلىدىغىنىمۇ خۇدادۇر.
9پادىشاھ ئامازيا پەيغەمبەردىن:
_ ئىسرائىلىيە لەشكەرلىرىگە تۆلىگەن ئۈچ يېرىم توننا كۈمۈشنى قانداق قىلىمەن؟ _ دەپ سورىدى.

پەيغەمبەر جاۋاب بېرىپ، مۇنداق دېدى:

_ پەرۋەردىگار سىلىگە تېخىمۇ كۆپ كۈمۈش ئاتا قىلىشقا قادىردۇر.

10شۇنىڭ بىلەن ئامازيا ئىسرائىلىيەدىن ياللىغان لەشكەرلەرنى ئۆيلىرىگە قايتۇرۇۋېتىش ئۈچۈن ئايرىدى. ئۇلار يەھۇدىيەلىكلەرگە قاتتىق ئاچچىقلىغان ھالدا غەزەپ بىلەن ئۆيلىرىگە قايتماقچى بولۇشتى.
11ئامازيا قاتتىق جاسارەتكە كېلىپ، لەشكەرلىرىنى تۇز جىلغىسىغا باشلاپ باردى ۋە ئۇ يەردە سەئىر تاغلىرىدىن كەلگەن 10 مىڭ ئىدوملۇقنى قىرىپ تاشلىدى.12ئۇلار يەنە 10 مىڭ ئىدوملۇقنى ئەسىرگە ئېلىپ، ئۇلارنى ئۇ يەردىكى قىيا تاشلاردىن پەسكە يىقىتىپ، سۆڭەكلىرىنى كۇكۇم-تالقان قىلىۋەتتى.13لېكىن ئامازيا قايتۇرۇۋەتكەن، يەنى ئۇرۇش قىلىشقا چىقالمىغان ئىسرائىلىيە لەشكەرلىرى سامارىيەدىن بەيت-خورونغىچە بولغان ئارىلىقتىكى يەھۇدىيە شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۈچ مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردى ۋە نۇرغۇن مال-دۇنيانى بۇلاپ كەتتى.

ئامازيانىڭ ئىسرائىلىيەگە مەغلۇپ بولۇشى

14ئامازيا ئىدوملۇقلارنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، سەئىردىكى ئىدوملۇقلارنىڭ بۇتلىرىنى ئۆزى بىلەن بىرگە ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنى ئۆزىگە خۇدا قىلىپ تىكلىدى ۋە ئۇلارغا سەجدە قىلىپ، قۇربانلىق قىلدى.15شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ ئامازياغا غەزىپى كېلىپ، ئۇنىڭغا بىر پەيغەمبەر ئەۋەتتى. پەيغەمبەر مۇنداق دېدى:
_ بۇ ئىلاھلار ئۆز خەلقىنى سېنىڭ قولۇڭدىن قۇتقۇزالمىغانىكەن، يەنە نېمىشقا ئۇلارغا چوقۇنىسەن؟

16پەيغەمبەرنىڭ سۆزى تۈگىمەي تۇرۇپلا، پادىشاھ ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلدى:
_ ئاغزىڭنى يۇم، قاچاندىن بېرى سەن مېنىڭ مەسلىھەتچىم بولۇپ قالدىڭ، ئۆلگۈڭ كەلدىمۇ؟

پەيغەمبەر بىردەم تۇرۇۋېلىپ، يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:

_ مۇشۇ ئىشىڭ ئۈچۈن خۇدانىڭ سېنى ۋەيران قىلىدىغانلىقىنى بىلىمەن. سەن سۆزۈمگە قۇلاق سالمىدىڭ.

17شۇنىڭدىن كېيىن يەھۇدىيە پادىشاھى ئامازيا مەسلىھەتچىلىرى بىلەن كېڭىشىپ، يىھوئاخازنىڭ ئوغلىغا _ يېھۇنىڭ نەۋرىسى ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاشقا ئەلچىلەر ئەۋەتىپ:
_ بىز جەڭگاھتا كۆرۈشەيلى! _ دېدى.

18ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاش ئەلچى ئەۋەتىپ، يەھۇدىيە پادىشاھى ئامازياغا مۇنداق دېدى:
_ لىۋان تاغلىرىدا بىر تىكەن كېدىر دەرىخىگە: «قىزىڭنى ئوغلۇمغا خوتۇنلۇققا بەر» دەپتۇ. لېكىن لىۋان تاغلىرىدىكى بىر ياۋايى ھايۋان ئۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، تىكەننى دەسسەپ چەيلىۋېتىپتۇ.
19سىز: «مەن ئىدوملۇقلارنى مەغلۇپ قىلدىم» دەپ، ھاكاۋۇرلىشىپ، خورىكىڭىز ئۆسۈپ كەتتى. ئەمدى ئۆيىڭىزدە ئولتۇرسىڭىز بولاتتى. نېمىدەپ چاتاق تېرىپ، ئۆزىڭىزنى گۇمران قىلىش بىلەن بىللە يەھۇدىيەنىمۇ گۇمران قىلاي دەيسىز؟
20لېكىن ئامازيا ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى. بۇ ئىش خۇدانىڭ ئىرادە قىلغىنى بويىچە بولدى. ئەسلى خۇدا يەھۇدىيەلىكلەرنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرماقچىدى. چۈنكى ئۇلار ئىدوملۇقلارنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇنغانىدى.21شۇڭا ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاش يەھۇدىيە تەۋەسىدىكى بەيت-شەمەشتە يەھۇدىيە پادىشاھى ئامازيا بىلەن ئۇرۇشتى.22يەھۇدىيەلىكلەر ئىسرائىلىيەلىكلەر تەرىپىدىن مەغلۇپ بولۇپ، ھەممىسى ئۆز ئۆيلىرىگە قېچىپ كېتىشتى.23ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاش يەھۇدىيە پادىشاھى ئامازيانى _ يوئاشنىڭ ئوغلى، ئاخازيانىڭ نەۋرىسىنى بەيت-شەمەشتە تۇتۇۋالدى. يىھوئاش ئۇنى يېرۇسالېمغا ئەكەلدى. ئاندىن يېرۇسالېمنىڭ «ئەفرايىم دەرۋازىسى»دىن «بۇلۇڭ دەرۋازىسى»غىچە بولغان ئارىلىقتىكى جەمئىي 200 مېتىردەك سېپىلىنى بۇزۇۋەتتى.24ئۇ بارلىق ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى، خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئوبېد-ئىدومنىڭ باشقۇرۇشىدا تۇرۇۋاتقان بۇيۇملارنى، شۇنداقلا ئوردا خەزىنىلىرىدىكى بايلىقلارنى ۋە گۆرۈگە ئېلىنغانلارنى ئېلىپ، سامارىيەگە قايتتى.
25يىھوئاخازنىڭ ئوغلى، يەنى ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاش ئۆلگەندىن كېيىن، يوئاشنىڭ ئوغلى، يەنى يەھۇدىيە پادىشاھى ئامازيا يەنە 15 يىل ئۆمۈر كۆردى.26ئامازيا پادىشاھنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى «يەھۇدىيە ۋە ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىسى»گە پۈتۈلگەندۇر.27ئامازيا پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈگەن ۋاقتىدىن باشلاپ، يېرۇسالېمدا بەزىلەر ئۇنىڭغا سۇيىقەست پىلانلىغانىدى. كېيىن ئۇ لاكىش شەھىرىگە قېچىپ كەتتى. لېكىن ئۇلار لاكىشقا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى شۇ يەردە ئۆلتۈردى.28ئۇنىڭ جەسىتى ئاتقا ئارتىلىپ، قايتۇرۇپ كېلىنىپ، يەھۇدىيەنىڭ پايتەختى يېرۇسالېمدا ئاتا-بوۋىسىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى.

26

1پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقى 16 ياشلىق ئۇززىيانى ئاتىسى ئامازيانىڭ ئورنىغا پادىشاھ قىلدى.2ئامازيا ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇززىيا ئېلات شەھىرىنى يەھۇدىيەگە قايتۇرۇپ كېلىپ، قايتىدىن قۇردى.

ئۇززىيانىڭ روناق تېپىشى

3ئۇززىيا تەختكە چىققان چاغدا 16 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 52 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى يېرۇسالېملىق بولۇپ، ئىسمى يىكوليا ئىدى.4ئۇززىيا ئاتىسى ئامازياغا ئوخشاشلا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى.5زىكىرىيا ئۇززىيانى خۇداغا ئىخلاسمەن بولۇشقا يېتەكلىدى. زىكىرىيانىڭ ھايات ۋاقتىدا ئۇززىيا پەرۋەردىگارغا ئىنتىلگەن ۋە خۇدا ئۇنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرگەنىدى.
6ئۇززىيا فىلىستىيەلىكلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، گات، يابنېھ، ئاشدود شەھەرلىرىنىڭ سېپىللىرىنى بۇزۇپ تاشلىدى. ئۇ ئاشدود زېمىنىدا ۋە فىلىستىيەنىڭ باشقا رايونلىرىدا يېڭىدىن شەھەرلەرنى قۇردى.7ئۇ خۇدانىڭ ياردىمى بىلەن فىلىستىيەلىكلەرنى، مىئۇنلارنى ۋە گۇربائالدا ياشايدىغان ئەرەبلەرنى مەغلۇپ قىلدى.8ئاممونلار ئۇززىياغا ئولپان تاپشۇرىدىغان بولدى. ئۇززىيا ناھايىتى كۈچىيىپ كەتكەنلىكتىن ئۇنىڭ شۆھرىتى تاكى مىسىرغىچە يېتىپ باردى.9ئۇززىيا يېرۇسالېمنىڭ «بۇلۇڭ دەرۋازىسى»، «جىلغا دەرۋازىسى» ۋە سېپىلنىڭ ئايلانمىسىغا مۇستەھكەم مۇنارلارنى سالدى.10ئۇ يەنە دالالارغا كۆزىتىش مۇنارلىرىنى ياساتتى. سۇ ساقلاش ئۈچۈن يەر ئاستىغا كۆپ كۆلچەكلەرنى قازدۇردى، چۈنكى غەربىي ئېدىرلىقتا ۋە تۈزلەڭلىكتە ئۇنىڭ نۇرغۇن چارۋا ماللىرى بار ئىدى. ئۇ دېھقان ۋە ئۈزۈمچىلەرنى ياللاپ، تاغلىق رايونلاردا ۋە مۇنبەت يەرلەردە تېرىقچىلىق ئىشلىرىغا سالدى. ئۇ دېھقانچىلىق ۋە ئۈزۈمچىلىكنى ياخشى كۆرەتتى.
11ئۇززىيانىڭ رويخەتكە ئېلىنغان لەشكەرلىرىگە ئاساسەن قىسىملارغا بۆلۈنگەن، جەڭگە ياراملىق قوشۇنلىرى بار ئىدى. پۈتۈكچى يىئىئېل ۋە ئەمەلدار مائاسېيا لەشكەرلەرنى تىزىملاشقا مەسئۇل ئىدى. بۇ ئىككىسىنىڭ ئۈستىدىن پادىشاھنىڭ سەركەردىلىرىنىڭ بىرى بولغان خانانيا نازارەتچىلىك قىلاتتى.12لەشكەرلەرگە 2600 نەپەر سەركەردىلەر باشچىلىق قىلاتتى. بۇ سەركەردىلەر ئۆز جەمەتلىرىنىڭ جەمەت باشلىقلىرى ئىدى.13ئۇلارنىڭ قول ئاستىدىكى لەشكەرلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 500‏,307 نەپەر بولۇپ، بۇلار ناھايىتى كۈچلۈك ئىدى. ئۇلار ھەر ۋاقىت پادىشاھنىڭ دۈشمىنىگە قارشى ئۇرۇشقا چىقىشقا تەييار ئىدى.14ئۇززىيا پۈتۈن لەشكەرلىرىنى قالقان، نەيزە، دۇبۇلغا، ساۋۇت، ئوقيا ۋە سالغا تاشلىرى بىلەن قوراللاندۇرغانىدى.15يا ئوقلىرىنى ۋە يوغان تاشلارنى ئېتىش ئۈچۈن، يېرۇسالېمدىكى ئۇستىلارغا يېڭى قوراللارنى لايىھەلەتتى ۋە ئۇلارنى ياساتقۇزۇپ، شەھەر سېپىلىنىڭ مۇنارلىرىغا ۋە بۇلۇڭلىرىغا ئورۇنلاشتۇرغۇزدى. خۇدا ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ ناھايىتى كۈچلىنىپ، نام-شەرىپى يىراق يەرلەرگە تارقالدى.

ئۇززىيانىڭ ھالاك بولۇشى

16ئۇززىيا قۇدرەت تاپقاندىن كېيىن، ھاكاۋۇرلىشىپ، ھالاكەت يولىغا قاراپ ماڭدى. بىر كۈنى ئۇ پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىبادەتخانىغا كىردى ۋە ئىسرىقداندا ئىسرىق كۆيدۈرمەكچى بولدى.17باش روھانىي ئازاريا 80 نەپەر يۈرەكلىك روھانىيلارنى ئەگەشتۈرۈپ، پادىشاھنىڭ كەينىدىن ئىبادەتخانىغا كىرىپ،18ئۇززىيانى توسماقچى بولدى ۋە ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:
_ ئەي ئۇززىيا، پەرۋەردىگارغا ئىسرىق سېلىش سەن قىلىدىغان ئىش ئەمەس. بۇ مۇقەددەس ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن روھانىي ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى قىلىدىغان ئىشتۇر. سەن بۇ مۇقەددەس جايدىن چىقىپ كەتكىن. سەن ئاللىقاچان خۇدانىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلدىڭ. ئەمدى پەرۋەردىگار خۇدا سېنى ئەزىز قىلمايدۇ.

19قولىدا ئىسرىقدان كۆتۈرۈۋالغان ئۇززىيا روھانىيلارغا قاتتىق ئاچچىقلاندى. ئۇززىيا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا، روھانىيلارنىڭ ئالدىدا، ئىبادەتخانىدىكى ئىسرىقداننىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئاچچىقلىنىۋاتقان دەل شۇ پەيتتە ئۇنىڭ پېشانىسىنى تۇيۇقسىز تېرە كېسىلى قاپلاپ كەتتى.20باش روھانىي ئازاريا ۋە بارلىق روھانىيلار بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، ئۇززىيانى ئىبادەتخانىدىن دەرھال چىقىپ كېتىشكە ئۈندەپ، قولىدىن تارتتى. ئۇ تېزلىك بىلەن چىقىپ كەتتى، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا زەربە بەرگەنىدى.
21ئۇززىيا تاكى ئۆلگۈچە تېرە كېسىلىدىن ساقىيالمىدى. شۇڭا ئۇ ئايرىم ئۆيدە تۇردى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا كىرىشى چەكلەنىدى. بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئوغلى يوتەم ئوردا ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ، خەلققە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ تۇردى.22ئۇززىيا پادىشاھنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەر خاتىرىلەپ قالدۇرغاندۇر.23ئۇززىيا ۋاپات بولدى. ئۇ تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاتا-بوۋىلىرى دەپنە قىلىنغان پادىشاھ قەبرىستانلىقىنىڭ بىر چېتىگە دەپنە قىلىندى. ئوغلى يوتەم ئۇنىڭ پادىشاھلىقىغا ۋارىسلىق قىلدى.

27

پادىشاھ يوتەم

1يوتەم تەختكە چىققان چاغدا 25 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 16 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى زادوقنىڭ قىزى يىرۇشا ئىدى.2يوتەم ئاتىسى ئۇززىياغا ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى. ئاتىسى ئۇززىيا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا كىرىپ، گۇناھ ئۆتكۈزگەنىدى، لېكىن يوتەم بۇنداق قىلمىدى. بىراق خەلق يەنىلا يامان ئىش قىلىشنى داۋاملاشتۇردى.
3يوتەم ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىسىنىڭ يۇقىرى دەرۋازىسىنى ياساتتى. ئۇ يەنە ئوفەل ئېگىزلىكىنىڭ يانباغرىدىكى سېپىلىنى تېخىمۇ ئۇزارتىپ ياساتتى.4ئۇ يەھۇدا تاغلىرىدا شەھەرلەرنى، ئورمانلاردا قورغان ۋە مۇنارلارنى ياساتتى.5يوتەم ئاممونلار بىلەن ئۇرۇشۇپ، ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئاممونلار شۇ يىلى ئۈچ يېرىم توننا كۈمۈش، 700 توننا بۇغداي ۋە 700 توننا ئارپا ئولپان تاپشۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى يىللاردىمۇ شۇ مىقداردا تاپشۇردى.6يوتەم پەرۋەردىگار خۇدانىڭ يولىنى تۇتقانلىقى ئۈچۈن، پادىشاھلىقى قۇدرەت تاپتى.
7يوتەم پادىشاھنىڭ باشقا ئىش-ھەرىكەتلىرى، قىلغان بارلىق ئۇرۇشلىرى ۋە ئەمەللىرى «ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىسى»گە پۈتۈلگەندۇر.8ئۇ تەختكە چىققان چاغدا 25 ياش ئىدى. يېرۇسالېمدا 16 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى.9يوتەم ۋاپات بولۇپ، «داۋۇت شەھىرى»گە دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئاخاز ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.

28

ئاخازنىڭ بۇتپەرەسلىكى

1ئاخاز تەختكە چىققان چاغدا 20 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 16 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئەجدادى داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئاخاز پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلمىدى.2ئەكسىچە ئۇ ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ يولىغا كىرىپ كەتتى. ئۇ بائالغا چوقۇنۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ بۇتلىرىنى ياسىدى.3ئۇ بەنھىننوم جىلغىسىدا بۇتلارغا ئاتاپ، قۇربانلىقلارنى كۆيدۈردى ھەمدە پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇلارنىڭ زېمىنىدىن ھەيدەپ چىقىرىۋەتكەن يات ئەللەرنى دوراپ، يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلدى. ھەتتا ئۆز ئوغۇللىرىنىمۇ قۇربانلىق قىلىپ، ئوتتا كۆيدۈردى.4ئۇ غەيرىي سەجدىگاھلاردا، ئېگىزلىكلەردە ۋە ھەربىر باراقسان ئۆسكەن دەرەخ تۈۋىلىرىدە قۇربانلىق قىلىپ، ئىسرىق سالدى.
5شۇڭا پەرۋەردىگار خۇدا ئۇنى ئاررام پادىشاھىنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. ئارراملار ئۇنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇنىڭ نۇرغۇن لەشكىرىنى ئەسىر ئېلىپ، دەمەشققە ئېلىپ كەتتى.
پەرۋەردىگار ئاخازنى ئىسرائىلىيە پادىشاھىنىڭ قولىغىمۇ چۈشۈرۈپ بەردى، ئۇلار قاتتىق مەغلۇپ قىلىندى.
6ئىسرائىلىيە پادىشاھى _ رىماليانىڭ ئوغلى پەقاخ بىر كۈننىڭ ئىچىدە يەھۇدىيەنىڭ خىللانغان 120 مىڭ لەشكىرىنى قىرىپ تاشلىدى. چۈنكى يەھۇدىيەلىكلەر ئەجدادلىرىنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدادىن يۈز ئۆرۈگەنىدى.7ئەفرايىم قەبىلىسىدىن بولغان باتۇر زىكرى ئاخاز پادىشاھنىڭ ئوغلى مائاسېيانى، ساراي غوجىدارى ئازرىقامنى ۋە پادىشاھنىڭ ئوڭ قول ۋەزىرى ئەلقانانى ئۆلتۈرۈۋەتتى.8ئىسرائىلىيەنىڭ لەشكەرلىرى يەھۇدىيەلىك قېرىنداشلىرىدىن ئاياللار، بالىلار بولۇپ 200 مىڭ ئادەمنى ئەسىر ئالدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە زور مىقداردىكى ئولجىلارنى سامارىيە شەھىرىگە ئېلىپ كەتتى.
9سامارىيەدە ئودېد ئىسىملىك پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەيغەمبىرى بار ئىدى. ئۇ شەھەردىن چىقىپ، قايتىپ كەلگەن ئىسرائىلىيەلىك لەشكەرلەرنى قارشى ئالدى ۋە ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
_ قاراڭلار، ئەجدادلىرىڭلارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدا يەھۇدىيەلىكلەرگە غەزەپ قىلغانلىقتىن، ئۇلارنى سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا چۈشۈرۈپ بەرگەنىدى. ئەمما سىلەر پەلەككە يەتكۈدەك چەكسىز غەزىپىڭلار بىلەن ئۇلارنى قىرغىن قىلدىڭلار.
10سىلەر ئەمدى يەھۇدىيەنىڭ، جۈملىدىن يېرۇسالېمنىڭ ئەر-ئاياللىرىنى قۇل قىلماقچى بولۇۋاتىسىلەر. سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئالدىدا گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ قىلماقچىمۇ؟11سىلەر يەنىلا مېنىڭ نەسىھەتىمنى ئاڭلاپ، ئەسىر قىلىپ ئېلىپ كەلگەن قېرىندىشىڭلارنى قويۇۋېتىڭلار. ھازىر پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق غەزىپى بېشىڭلارغا كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ.
12ئەفرايىم قەبىلىسىنىڭ ئاقساقاللىرى بولغان يىھوخاناننىڭ ئوغلى ئازاريا، مىشىللېموتنىڭ ئوغلى بەرەكيا، شاللۇمنىڭ ئوغلى خىزكىيا ۋە خادلاينىڭ ئوغلى ئاماسالار ئۇرۇشتىن قايتىپ كەلگەن لەشكەرلەرنىڭ ئالدىنى توستى13ۋە مۇنداق دېدى:
_ سىلەر بۇ ئەسىرلەرنى سامارىيەگە ئېلىپ كىرسەڭلار بولمايدۇ. ھېلىمۇ بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئېغىردۇر. پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق غەزىپى بىز ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ بېشىغا كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ. بىز پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ، گۇناھىمىزنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋالمايلى.

14شۇنىڭ بىلەن لەشكەرلەر ئەسىرلەر ۋە ئولجىلارنى ئاقساقاللار ۋە پۈتۈن جامائەتكە تاپشۇرۇپ بېرىشتى.15بەلگىلەنگەن مەسئۇل كىشىلەر ئەسىرلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، ئولجىلارنىڭ ئىچىدىن كىيىم-كېچەك ۋە ئاياغلارنى ئېلىپ، كىيىمسىز ئەسىرلەرگە كىيگۈزۈپ قويدى، يېمەك-ئىچمەك بەردى، يارىلىرىغا ماي سۈرتتى، ئاجىزلىرىنى ئېشەككە مىندۈردى. ئەسىرلەرنى خورمىزارلىق شەھەر ئېرىخاغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىغا تاپشۇرۇپ بەردى. ئاندىن سامارىيەگە قايتىپ كەتتى.
16شۇ چاغدا پادىشاھ ئاخاز ئاسسۇر پادىشاھىدىن ياردەم سوراپ، ئادەم ئەۋەتتى.17چۈنكى ئىدوملۇقلار يەنە يەھۇدىيەگە ھۇجۇم قىلىپ، ئادەملىرىنى تۇتۇپ كەتكەنىدى.18فىلىستىيەلىكلەرمۇ غەربىي ئېدىرلىقلارغا ۋە يەھۇدىيەنىڭ جەنۇبىغا ھۇجۇم قىلغانىدى. ئۇلار بەيت-شەمەش، ئاييالون، گىدېروت شەھەرلىرىنى، شۇنداقلا سوكوھ، تىمناھ، گىمزو شەھەرلىرىنى ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلىرى بىلەن قوشۇپ بېسىۋېلىپ، ئۇ يەرلەردە تۇرۇۋاتاتتى.19پەرۋەردىگار يەھۇدىيەنى شۇنچىلىك ئىزا-ئاھانەتكە قويغانىدى، چۈنكى پادىشاھ ئاخاز پەرۋەردىگارغا قاتتىق ساداقەتسىزلىك قىلىپ، يەھۇدىيەلىكلەرنى گۇناھ يولىغا مېڭىشىغا يېتەكلىۋاتاتتى.20ئاسسۇر پادىشاھى تىگلات-پىلئەسەر يەھۇدىيەگە كەلگەندىن كېيىن، ئۇ ئاخازغا ياردەم بەرمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە ئۇنىڭغا تېخىمۇ زۇلۇم سالدى.21ئاخاز پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىن، ئوردا ۋە ئوردا ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆيلىرىدىن بايلىقلارنى ئېلىپ چىقىپ، ئاسسۇر پادىشاھىغا بەردى، لېكىن بۇ ئەسقاتمىدى.
22ئاخاز قىيىنچىلىق مەزگىلىدىمۇ يەنىلا پەرۋەردىگارغا تېخىمۇ كۆپلەپ ئاسىيلىق قىلدى.23ئۇ ئۆزىنى مەغلۇپ قىلغان دەمەشقلىقلارنىڭ ئىلاھلىرىغا سەجدە قىلدى، چۈنكى ئۇ «ئاررام پادىشاھىنىڭ ئىلاھلىرى ئارراملىقلارغا ياردەم قىلغانىكەن، مەن ئۇلار ئۈچۈن قۇربانلىق قىلسام، ئۇلار ماڭا ياردەم قىلىدۇ» دەپ ئويلىغانىدى. ۋاھالەنكى ئۇ ئىلاھلار ئاخازنى ۋە پۈتۈن ئىسرائىلىيەنى ھالاكەتكە دۇچار قىلدى.24ئاخاز خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى سىرتقا ئېلىپ چىقىپ بۇزۇۋەتتى. پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى تاقىۋەتتى. يېرۇسالېمنىڭ ھەربىر بۇرجىكىگە غەيرىي ئىلاھلار ئۈچۈن قۇربانلىق سۇپىلىرىنى ياساتتى.25يەھۇدىيەنىڭ ھەممە شەھەرلىرىدە غەيرىي سەجدىگاھلارنى ياسىتىپ، ساختا ئىلاھلارغا قۇربانلىق قىلىپ، ئەجدادلىرىنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى.
26ئاخاز پادىشاھنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە ئەمەللىرى «يەھۇدىيە ۋە ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىسى»گە پۈتۈلگەندۇر.27ئاخاز ۋاپات بولۇپ، يېرۇسالېم شەھىرىدە دەپنە قىلىندى، لېكىن پادىشاھ قەبرىستانلىقىغا قويۇلمىدى. ئوغلى خىزكىيا ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.

29

خىزكىيانىڭ ئىبادەتخانىنى پاكلىشى

1خىزكىيا تەختكە چىققان چاغدا 25 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 29 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى زىكىرىيانىڭ قىزى ئابىيا ئىدى.2خىزكىيا خۇددى ئەجدادى داۋۇتقا ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى.
3خىزكىيا تەختكە چىققان يىلى 1-ئاينىڭ*1-كۈنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئىشىكلىرىنى ئېچىپ، ئۇلارنى ئوڭشاتتى.4ئۇ روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنى شەرقىي مەيدانغا چاقىرىپ،5مۇنداق دېدى:
_ ئەي لاۋىيلار، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار! ھازىر سىلەر ئۆزۈڭلارنى پاكلاڭلار ۋە ئەجدادلىرىڭلارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ناپاك نەرسىلەرنى چىقىرىۋېتىپ، ئىبادەتخانىنىمۇ پاكلاڭلار.
6ئەجدادلىرىمىز ساداقەتسىزلىك قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. ئۇلار ئۇنىڭدىن ۋاز كەچتى. ئۇلار پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈپ، ئىبادەتخانىغا ئارقىسىنى قىلدى.7ئۇلار ئىبادەتخانا ئايۋانىنىڭ ئىشىكىنى پېچەتلەپ، چىراغلارنى ئۆچۈرۈۋەتتى. ئىبادەتخانىدا ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇداغا ئاتاپ ئىسرىق سالمايدىغان، كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلمايدىغان بولدى.8شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ يېرۇسالېم ۋە پۈتۈن يەھۇدىيەگە غەزىپى كېلىپ، ئۇلارنى دەھشەتلىك قورقۇنچ، ۋەھىمە ۋە مەسخىرىگە قويدى. بۇنى سىلەر ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆردۈڭلار.9ئەجدادلىرىمىز قىلىچ ئاستىدا ئۆلۈپ، خوتۇن-بالىلىرى ئەسىر بولدى.10شۇڭا مەن ھازىر ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدا بىلەن ئەھدە تۈزۈپ، غەزىپىنى بىزدىن يىراق قىلىش نىيىتىگە كەلدىم.11ئەي ئوغلانلىرىم، ئەمدى بىپەرۋالىق قىلماڭلار! پەرۋەردىگار سىلەرنى ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا ۋە ئۆزى ئۈچۈن ئىسرىق سېلىشقا تاللىدى.
12شۇنىڭ بىلەن لاۋىيلار ئۆزلىرىنىڭ خىزمەتلىرىنى ئاتقۇرۇشقا باشلىدى. ئۇلار تۆۋەندىكىلەر ئىدى: قوھات جەمەتىدىن ئاماساينىڭ ئوغلى ماخات، ئازاريانىڭ ئوغلى يوئېل؛ مىرارى جەمەتىدىن ئابدىنىڭ ئوغلى كىش، يىھاللەلئېلنىڭ ئوغلى ئازارىيا؛ گېرشون جەمەتىدىن زىمماھنىڭ ئوغلى يوئاخ، يوئاخنىڭ ئوغلى ئېدەن؛13ئەلىزافان جەمەتىدىن شىمرى، يىئىئېل؛ ئاساف جەمەتىدىن زىكىرىيا، ماتتانيا؛14ھېمان جەمەتىدىن يىخىئېل، شىمئى؛ يىدۇتۇن جەمەتىدىن شىمايا ۋە ئۇززىئېل.
15ئۇلار باشقا لاۋىيلارنى چاقىرىپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ئۆزلىرىنى پاكلىدى ھەمدە پادىشاھنىڭ بۇيرۇغىنى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى پاكلاشقا كەلدى.16روھانىيلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا كىرىپ، بارلىق ناپاك نەرسىلەرنى ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىسىغا ئېلىپ چىقتى. لاۋىيلار بۇلارنى شەھەرنىڭ سىرتىدىكى قىدرون جىلغىسىغا ئېلىپ بېرىپ، تاشلىۋەتتى.17ئۇلار 1-ئاينىڭ 1-كۈنى پاكلاش خىزمىتىنى باشلىدى. سەككىز كۈن ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىلىرىنى، يەنە سەككىز كۈن ئايۋاندىن باشلاپ ئىبادەتخانىنى پاكلىدى. 1-ئاينىڭ 16-كۈنى ئىبادەتخانىنى پاكلاش خىزمىتىنى تاماملىدى.
18ئۇنىڭدىن كېيىن لاۋىيلار پادىشاھ خىزكىيانىڭ قېشىغا بېرىپ:
_ بىز پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى، كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسىنى، قۇربانلىق سۇپىسىدا ئىشلىتىدىغان نەرسىلەرنى ۋە نانلارنى تىزىدىغان شىرەنى ھەمدە شىرەنىڭ ئۈستىدىكى قاچا-قۇچىلارنى پاكلىدۇق.
19پادىشاھ ئاخاز ساداقەتسىزلىك قىلىپ تاشلىۋەتكەن ئىبادەتخانىنىڭ نەرسىلىرىنى پاكلاپ، قايتىدىن پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئالدىغا قويۇپ قويدۇق، _ دەپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلدى.

ئىبادەتخانىنىڭ قايتا ئېچىلىشى

20پادىشاھ خىزكىيا ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ، شەھەر ئەمەلدارلىرىنى يىغىپ، بىرلىكتە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا باردى.21ئۇلار پادىشاھ جەمەتى، مۇقەددەس جاي ۋە يەھۇدىيە ئۈچۈن يەتتە تۇياق بۇقا، يەتتە تۇياق قوچقار، يەتتە تۇياق پاقلاننى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىشقا، يەنە يەتتە تۇياق تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىشقا ئەكەلدى. پادىشاھ خىزكىيا ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى بولغان روھانىيلارنى قۇربانلىق ئۈچۈن ئەكېلىنگەن بۇ ھايۋانلارنى پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىغا ئاپىرىشىنى بۇيرۇدى.22بۇقىلار بوغۇزلانغاندىن كېيىن، روھانىيلار قېنىنى ئېلىپ كېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىغا چاچتى. ئاندىن قوچقارلارنى بوغۇزلاپ، قېنىنى قۇربانلىق سۇپىسىغا چاچتى، يەنە پاقلانلارنىمۇ بوغۇزلاپ، قېنىنى قۇربانلىق سۇپىسىغا چاچتى.23ئۇنىڭدىن كېيىن گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن تەييارلانغان تېكىلەر پادىشاھ ۋە جامائەتنىڭ ئالدىغا ئەكېلىندى، ئۇلار قوللىرىنى تېكىلەرنىڭ بېشىنىڭ ئۈستىگە قويۇشتى.24روھانىيلار تېكىلەرنى بوغۇزلىدى ۋە تېكىلەرنى ئىسرائىللار ئۈچۈن گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە سۇندى. قۇربانلىقنىڭ قېنىنى ئىسرائىللارنى گۇناھتىن ساقىت قىلىش ئۈچۈن قۇربانلىق سۇپىسىغا چاچتى. چۈنكى پادىشاھ بارلىق ئىسرائىللار ئۈچۈن كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىشىنى بۇيرۇغانىدى.
25پادىشاھ خىزكىيا داۋۇتنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى كۆرسەتمىلىرى بويىچە لاۋىيلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ھويلىسىدا جاڭ، چىلتار، لىرا چالىدىغانغا ئورۇنلاشتۇردى. بۇ كۆرسەتمىلەرنى پەرۋەردىگار پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە بولغان غايىبنى بىلگۈچى گاد ۋە ناتان پەيغەمبەر ئارقىلىق داۋۇتقا بەرگەنىدى.26لاۋىيلار داۋۇتنىڭ سازلىرىنى، روھانىيلار كانايلارنى چالىدىغان بولدى.27پادىشاھ خىزكىيا قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىشقا بۇيرۇق چۈشۈردى. كۆيدۈرمە قۇربانلىق باشلانغان ۋاقتىدا، لاۋىيلار پەرۋەردىگارغا ئاتالغان مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئوقۇشقا باشلىدى. كانايلار داۋۇت پادىشاھنىڭ سازلىرىغا تەڭكەش قىلىنىپ چېلىندى.28پۈتۈن جامائەت تاكى كۆيدۈرمە قۇربانلىق تامام بولغۇچە ناخشا ۋە كاناي ئاۋازىغا ئەگىشىپ، سەجدە قىلىشتى.29كۆيدۈرمە قۇربانلىق تامام بولغاندىن كېيىن، پادىشاھ ۋە ئەمەلدارلار تىزلىنىپ سەجدە قىلىشتى.30پادىشاھ خىزكىيا ۋە ئەمەلدارلار لاۋىيلارنى داۋۇتنىڭ ۋە غايىبنى بىلگۈچى ئاسافنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇپ، پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەشكە بۇيرۇدى. ئۇلار شادلانغان ھالدا ناخشا ئېيتىپ، باشلىرىنى يەرگە تەگكۈزۈپ، سەجدە قىلىشتى.
31پادىشاھ خىزكىيا جامائەتكە مۇنداق دېدى:
_ سىلەر ئۆزۈڭلارنى پەرۋەردىگارغا ئاتىغانىكەنسىلەر، ئۇنداقتا ھازىر سىلەر مىننەتدارلىق قۇربانلىقلىرى ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئەكېلىڭلار.

شۇنىڭ بىلەن جامائەت مىننەتدارلىق قۇربانلىقلىرى ۋە باشقا قۇربانلىقلىرىنى ئەكېلىشكە باشلىدى. بەزىلىرى ئۆز رازىلىقى بىلەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنىمۇ ئەكېلىشتى.
32جامائەت پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن 70 تۇياق كالا، 100 تۇياق قوچقار ۋە 200 تۇياق پاقلان ھەدىيە قىلىشتى.33باشقا قۇربانلىقلار ئۈچۈن 600 تۇياق كالا، 3000 تۇياق قوي ۋە ئۆچكە ھەدىيە قىلىشتى.34لېكىن روھانىيلارنىڭ سانى بەك ئاز بولغاچقا، كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىنىدىغان ماللارنى سويۇپ بولالمىدى. شۇڭا روھانىيلارغا قېرىنداش بولغان لاۋىيلار تاكى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىنىدىغان ماللار سويۇلۇپ بولغۇچە ۋە باشقا روھانىيلارمۇ ئۆزلىرىنى پاكلىغۇچە روھانىيلارغا ياردەملەشتى. لاۋىيلار ئۆزلىرىنى پاكلاشنى روھانىيلارغا قارىغاندا مۇھىم بىلگەنىدى.35ھەدىيە قىلىنغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ناھايىتى كۆپ ئىدى. ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن سويۇلغان ماللارنىڭ مېيى كۆيدۈرۈلۈشى، كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن بىرگە ھەدىيە قىلىنغان ئىچىملىك ھەدىيەلىرى قۇربانلىق سۇپىسىغا قۇيۇلۇشىمۇ كېرەك ئىدى.
شۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ئىشلار ئەسلىگە كەلدى.
36خىزكىيا ۋە پۈتۈن خەلق خۇدانىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرىدىن شاد-خۇرام بولدى. بۇ ئىشلار ناھايىتى تېز ئەمەلگە ئاشقانىدى.


*29: 3 1-ئاي _ مىلادىيە كالېندارى بويىچە 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ.


30

ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى

1خىزكىيا پۈتۈن ئىسرائىلىيەلىكلەر ۋە يەھۇدىيەلىكلەرگە ئادەم ئەۋەتىپ، ئەفرايىم ۋە ماناسسە قەبىلىلىرىگىمۇ مەكتۇپ يېزىپ، ھەممىسىنى يېرۇسالېمدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا تەكلىپ قىلدى. ئۇ يەردە ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇداغا ئاتاپ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتكۈزۈلمەكچىدى.2پادىشاھ، ئەمەلدارلار ۋە يېرۇسالېمدىكى پۈتۈن جامائەت بىرلىكتە 2-ئايدا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغانىدى.3ئۇلار 1-ئايدا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزەلمەيتتى، سەۋەبى ئۆزلىرىنى پاكلىغان روھانىيلار تېخى يېتەرلىك ئەمەس ئىدى. جامائەتمۇ تېخى يېرۇسالېمغا يىغىلىپ بولالمىغانىدى.4پادىشاھ ۋە جامائەتمۇ بۇنى لايىق كۆرگەنىدى.5شۇڭا پادىشاھ ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇداغا ئاتاپ يېرۇسالېمدا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتكۈزۈش ھەققىدە پۈتۈن ئىسرائىللارغا، يەنى بەئەرشەبادىن تاكى دانغىچە بولغان ئارىلىقتىكى بارلىق كىشىلەرگە چاقىرىق ئېلان قىلدى. چۈنكى خېلى ۋاقىتتىن بېرى پۈتۈن خەلق بىر يەرگە جەم بولۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگىنى بويىچە بۇ ھېيتنى ئۆتكۈزۈپ باقمىغانىدى.
6چاپارمەنلەر پادىشاھنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن پادىشاھ ۋە ئەمەلدارلارنىڭ چاقىرىق مەكتۇپىنى ئېلىپ، پۈتۈن ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەنى ئايلاندى. چاقىرىقتا مۇنداق دېيىلگەنىدى:

_ ئەي ئىسرائىللار، سىلەر ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ يولىغا قايتىڭلار. شۇندىلا ئۇ ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ قولىدىن قېچىپ قۇتۇلغان سىلەرگە قايتا يار بولىدۇ.
7سىلەر ئەجدادلىرىڭلاردىن، ئىسرائىلىيەلىك قېرىندىشىڭلاردىن ئۈلگە ئالماڭلار. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇداغا سادىق بولمىغانلىقى ئۈچۈن، خۇددى سىلەر بۈگۈن كۆرۈپ تۇرغاندەك، پەرۋەردىگار ئۇلارنى ناھايىتى قورقۇنچلۇق ئاقىۋەتكە دۇچار قىلدى.8ھازىر سىلەر ئەجدادلىرىڭلارغا ئوخشاش بوينۇڭلارنى قاتتىق قىلماي، پەرۋەردىگارغا ئىتائەت قىلىپ، ئۇنىڭ مۇقەددەس ۋە مەڭگۈلۈك ماكانى بولغان ئىبادەتخانىغا كېلىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئىبادەت قىلىڭلار. شۇندىلا ئۇنىڭ قەھر-غەزىپى سىلەردىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ.9ئەگەر سىلەر ئۇنىڭ يولىغا قايتساڭلار، ئۇ قېرىندىشىڭلارنى، قىز-ئوغۇللىرىڭلارنى تۇتۇپ كەتكەن دۈشمەننىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغاپ، ئۇلارنىڭ بۇ زېمىنغا ئامان-ئېسەن قايتىپ كېلىشىگە يول قويىدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا رەھىمدىل ۋە مېھرىباندۇر. سىلەر ئۇنىڭ يولىغا قايتساڭلار، ئۇ سىلەردىن يۈز ئۆرۈمەيدۇ.

10چاپارمەنلەر بۇ چاقىرىقنى ئەفرايىم ۋە ماناسسەدىن تارتىپ تاكى زەبۇلۇنغىچە يەتكۈزدى. لېكىن ئۇ يەردىكى كىشىلەر چاپارمەنلەرنى مەسخىرە قىلىشىپ كۈلۈشتى.11پەقەت ئاشېر، ماناسسە ۋە زەبۇلۇن قەبىلىلىرىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر كەمتەرلىك بىلەن چاقىرىقنى قوبۇل قىلىپ، يېرۇسالېمغا كېلىشتى.12پەرۋەردىگار خۇدا يەھۇدىيەلىكلەرنىمۇ تەسىرلەندۈرۈپ، ئۇلارنى بىر نىيەت، بىر مەقسەتكە كەلتۈردى. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە پادىشاھى ۋە ئەمەلدارلىرى بەرگەن پەرمانغا بويسۇندى.

پېتىر نان ھېيتىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى

132-ئايدا ناھايىتى كۆپ خەلق يېرۇسالېمدا جەم بولۇپ، پېتىر نان ھېيتىنى ئۆتكۈزدى.14ئالدى بىلەن ئۇلار يېرۇسالېمدىكى غەيرىي قۇربانلىق سۇپىلىرىنى ۋە ئىسرىقدانلارنى بۇزۇپ، ئۇلارنى قىدرون جىلغىسىغا تاشلىۋەتتى.15ئۇلار 2-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ ماللىرىنى بوغۇزلىدى. ئۆزلىرىنى 1-ئايدا پاكلاشقا ئۈلگۈرەلمىگەن روھانىي ۋە لاۋىيلار خىجىل بولۇپ، ئۆزلىرىنى پاكلاش ئۈچۈن كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئېلىپ كەلگەنىدى.16ئاندىن كېيىن خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى بولغان مۇسانىڭ قانۇنىدىكى كۆرسەتمىلەر بويىچە ئىش قىلىپ، ئۆز جايلىرىدا تۇردى. روھانىيلار لاۋىيلارنىڭ قولىدىكى قاننى ئېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىغا چاچتى.
17جامائەتنىڭ ئارىسىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرىنى پاكلىمىغانلىقى ئۈچۈن، لاۋىيلار ئۇلارغا ۋاكالىتەن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۈچۈن تەييارلانغان ماللارنى بوغۇزلاپ پەرۋەردىگارغا ئاتىدى.19-18 ئەفرايىم، ماناسسە، ئىسساكار ۋە زەبۇلۇندىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىلىرى ئۆزلىرىنى پاكلىماي تۇرۇپ، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا بېغىشلانغان قۇربانلىق گۆشىنى يەپ قويۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن كۆرسەتمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانىدى. شۇڭا خىزكىيا ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلدى:
_ ئى پەرۋەردىگار، يەنى ئەجدادلىرىمىز ئېتىقاد قىلغان خۇدا، ساڭا چىن يۈرىكى بىلەن ئىنتىلگەن بىر قىسىم كىشىلەر گەرچە مۇقەددەس جاينىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئۆزلىرىنى پاكلىمىغان بولسىمۇ، لېكىن سەن ئۆزۈڭنىڭ مېھرىبانلىقى بىلەن ئۇلارنى كەچۈرگەيسەن.

20پەرۋەردىگار خىزكىيانىڭ دۇئاسىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنى كەچۈردى.
21يېرۇسالېمغا يىغىلغان ئىسرائىللار پېتىر نان ھېيتىنى يەتتە كۈن ناھايىتى خۇشاللىق بىلەن ئۆتكۈزدى. روھانىي ۋە لاۋىيلار ياڭراق سازلارنى چېلىپ، ھەر كۈنى پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلىدى.22خىزكىيا پەرۋەردىگار ئۈچۈن سەمىمىيلىك بىلەن ئىش قىلغان بارلىق لاۋىيلارنى ماختىدى. جامائەت ھېيت زىياپىتى بىلەن يەتتە كۈننى ئۆتكۈزدى. ئۇلار ئامانلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇنۇپ، ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇداغا شۈكۈر ئېيتتى.
23پۈتۈن جامائەت مەسلىھەتلىشىپ، ھېيتنى يەنە يەتتە كۈن ئۆتكۈزۈشكە كېلىشتى. شۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىك خۇشال-خۇراملىق بىلەن يەنە يەتتە كۈن ھېيت ئۆتكۈزدى.24يەھۇدىيە پادىشاھى خىزكىيا كۆپچىلىككە مىڭ تۇياق بۇقا، يەتتە مىڭ تۇياق قوي ۋە ئۆچكە ھەدىيە قىلدى. ئەمەلدارلارمۇ مىڭ تۇياق بۇقا، ئون مىڭ تۇياق قوي ۋە ئۆچكە ھەدىيە قىلىشتى. نۇرغۇنلىغان روھانىيلار ئۆزلىرىنى پاكلىدى.25يەھۇدىيەدىكى پۈتۈن خەلق، روھانىيلار، لاۋىيلار، ئىسرائىلىيەدىن كەلگەن ئىسرائىللار ۋە يات خەلقلەر، شۇنداقلا يەھۇدىيەدە تۇرۇۋاتقان يات خەلقلەر خۇشاللىققا چۆمدى.26پۈتۈن يېرۇسالېملىقلار شادلاندى، چۈنكى داۋۇتنىڭ ئوغلى _ ئىسرائىلىيە پادىشاھى بولغان سۇلايماندىن كېيىن يېرۇسالېمدا بۇنداق بىر تەنتەنە بولۇپ باقمىغانىدى.27روھانىيلار ۋە لاۋىيلار خەلققە بەخت تىلەشتى. ئۇلارنىڭ دۇئالىرى خۇدانىڭ سامادىكى مۇقەددەس ماكانىغا يېتىپ باردى.

31

1ھەممە ئىشلار تۈگىگەندىن كېيىن، توپلانغان ئىسرائىللار يەھۇدىيە، بىنيامىن، ئەفرايىم، ماناسسە زېمىنلىرىدىكى ھەممە شەھەرلەرگە بېرىپ، بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلەرنى چاقتى. ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى ۋەيران قىلدى. غەيرىي سەجدىگاھلار ۋە قۇربانلىق سۇپىلارنى بۇزدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆز شەھەرلىرىگە ۋە ئۆيلىرىگە قايتىپ كېتىشتى.

خىزكىيانىڭ لاۋىيلارغا تەمىنات بېرىشى

2خىزكىيا روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنى توپلارغا بۆلدى ۋە ئۇلارغا ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇردى. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى قىلىش، پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىش ۋە مەدھىيە ئوقۇش، شۇنداقلا باشقا خىزمەتلەرنى قىلىش ئىدى.3پادىشاھ ئۆز مال-مۈلكىنىڭ بىر قىسمىنى پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارغا، يەنى سەھەردە ۋە كەچتە قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارغا، دەم ئېلىش كۈنلىرى، يېڭى ئاي كۈنلىرى ۋە باشقا بەلگىلەنگەن بايرام كۈنلىرى قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارغا ئاجراتتى.4ئۇ يېرۇسالېم خەلقىگە:
_ روھانىيلار ۋە لاۋىيلارغا ئۇلارنىڭ ئېرىشىشكە تېگىشلىك قىسمىنى بېرىڭلار. شۇنداق بولغاندا ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ۋەزىپىلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ بېجىرىدۇ، _ دېدى.

5پادىشاھ بۇيرۇق قىلىشى بىلەنلا يېرۇسالېملىقلار تۇنجى يىغقان ئاشلىقى، شارابى، زەيتۇن يېغى، ھەسىلى ۋە ئېتىزىدىن چىققان زىرائەتلىرىدىن ھەدىيە قىلىشتى. ھەدىيە قىلىنغان ئوندىن بىر ئۈلۈش بۇ نەرسىلەر ناھايىتى كۆپ ئىدى.6يەھۇدىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە تۇرۇۋاتقان ئىسرائىللار ئەكەلگەن كالا، قوي ۋە پەرۋەردىگار خۇداغا ئاتىغان باشقا نەرسىلەرنىڭ ئوندىن بىرىمۇ شۇنچە كۆپ بولۇپ كەتكەنىدى.7ئۇلار ئەتىيازنىڭ ئاخىرى* ھەدىيە قىلىشنى باشلىغان بولۇپ، كۈزنىڭ بېشىغا كەلگەندە*ئاخىرلاشتى.8خىزكىيا ۋە ئەمەلدارلار دۆۋىلىنىپ كەتكەن نەرسىلەرنى كۆرۈپ، پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ئوقۇدى ھەمدە پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى بولغان ئىسرائىللارغا بەخت تىلىدى.9خىزكىيا دۆۋىلىنىپ كەتكەن بۇ نەرسىلەر ھەققىدە روھانىيلار ۋە لاۋىيلاردىن سوئال سورىدى.10زادوق جەمەتىدىن بولغان باش روھانىي ئازاريا جاۋاب بېرىپ، مۇنداق دېدى:
_ خەلق پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئىئانە ئەكەلگەندىن كېيىن، بىز تويغۇچە يەپ-ئىچتۇق، شۇنداقتىمۇ يەنە مۇشۇنداق نۇرغۇنى ئېشىپ قالدى. پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ خەلقىگە بەرىكەت ئاتا قىلغاچقا، مۇشۇنداق كۆپ ئېشىپ قالدى.

11شۇنىڭ بىلەن خىزكىيا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئامبارلار تەييارلاش بۇيرۇقىنى بەردى. ئامبارلار تەييارلانغاندىن كېيىن،12ئۇلار ئىئانىلەر، ئوندىن بىر ئۆلۈشى بويىچە ئەكېلىنگەن نەرسىلەر ۋە پەرۋەردىگارغا ئاتالغان باشقا نەرسىلەرنى ئامبارلارغا سەمىمىيلىك بىلەن ئەكىرىپ قويدى. بۇ ئىشقا لاۋىيلاردىن بولغان كونانيا مەسئۇل بولدى. ئۇنىڭ ئىنىسى شىمئى ياردەمچىسى بولدى.13يىخىئېل، ئازازيا، ناخات، ئاسائېل، يىرىموت، يوزاباد، ئەلىئېل، يىسماكيا، ماخات ۋە بىنايالار كونانيا ۋە شىمئىغا ياردەملىشىپ، نازارەتچىلىك قىلىدىغان بولدى. بۇلارنى پادىشاھ خىزكىيا ۋە خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ باش نازارەتچىسى ئازاريا بەلگىلىگەنىدى.
14لاۋىيلاردىن بولغان يىمناھنىڭ ئوغلى كورې ئىبادەتخانىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىنىڭ دەرۋازىۋىنى ئىدى. ئۇ خۇداغا خالىس قىلىنغان ھەدىيەلەرنى باشقۇرۇشقا ھەم پەرۋەردىگارغا سۇنۇلغان ئىئانىلەرنى ۋە ئەڭ مۇقەددەس ھەدىيەلەرنى تەقسىملەشكە مەسئۇل ئىدى.15ئېدەن، مىنيامىن، يېشۇۋا، شىمايا، ئاماريا، شىكانيالار كورېنىڭ سادىق ياردەمچىلىرى بولۇپ، ئۇلار روھانىيلار ياشايدىغان باشقا شەھەرلەردە نەرسىلەرنى ئۇلارغا توپلار بويىچە قېرى-ياش دېمەي، بۆلۈپ بېرەتتى.16ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان، نۆۋەتچىلىك قىلىدىغان ھەم رويخەتكە ئېلىنغان ئەركەكلەرگە، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۈچ ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى ئوغۇللىرىغا نەرسىلەر تارقىتىپ بېرەتتى.17روھانىيلارغا ئائىلە نەسەبنامىسى بويىچە، يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى لاۋىيلارغا نۆۋەتچىلىك خىزمىتى ۋە ۋەزىپىسى بويىچە نەرسىلەر تارقىتىپ بېرىلەتتى.18ئۇلارنىڭ نەسەبنامىلىرى بارلىق خوتۇن، بالىچاقىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. چۈنكى ئۇلارمۇ سەمىمىيلىك بىلەن ئۆزلىرىنى پاكلايتتى.19باشقا شەھەرلەرنىڭ ئوتلاقلىرىدا ياشايدىغان ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى بولغان روھانىيلارغىمۇ نەرسە تارقىتىپ بېرىش ئۈچۈن ئادەملەر ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىلىرى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى ئارىسىدىكى بارلىق ئەركەكلەرگە ۋە رويخەتكە ئېلىنغان لاۋىيلارغا تەۋە نېسىۋىلىرىنى تارقىتىپ بېرىش ئىدى.
20پادىشاھ خىزكىيا بۇ ئىشلارنى پۈتۈن يەھۇدىيەدە ئەمەلگە ئاشۇردى. ئۇ ئۆزى ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ نەزىرىدە ياخشى ۋە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى سەمىمىيلىك بىلەن قىلدى.21ئۇ مەيلى خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ئىشلار توغرىسىدا بولسۇن، مەيلى قانۇن ياكى ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىش توغرىسىدا بولسۇن، ھەممىسىدە خۇدادىن يول سورىدى، چىن قەلبى بىلەن بېجىردى. شۇڭا ئۇنىڭ ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولدى.


*31: 7 ئەتىيازنىڭ ئاخىرى _ ئىبرانىي كالېنداردا «3-ئاي» بولۇپ، مىلادىيە كالېندارى بويىچە 5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ.

*31: 7 كۈزنىڭ بېشى _ ئىبرانىي كالېنداردا «7-ئاي» بولۇپ، مىلادىيە كالېندارى بويىچە 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ.


32

ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ يېرۇسالېمغا تەھدىت سېلىشى

1پادىشاھ خىزكىيا بۇ ئىشلارنى سەمىمىيلىك بىلەن پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئاسسۇر پادىشاھى سانخېرىب يەھۇدىيەگە باستۇرۇپ كەلدى. ئۇ سېپىللىرى مۇستەھكەم بولغان شەھەرلەرنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇلارنى قورشاۋغا ئالدى.2پادىشاھ خىزكىيا ئاسسۇر پادىشاھى سانخېرىبنىڭ يېرۇسالېمغىمۇ ھۇجۇم قىلماقچى بولغانلىقىنى بىلىپ،3ئەمەلدارلىرى ۋە لەشكەر باشلىرى بىلەن مەسلىھەت قىلدى. خىزكىيا شەھەرنىڭ سىرتىدىكى سۇ مەنبەسى بولغان بۇلاقلارنى ئۈزۈۋېتىش قارارىغا كەلدى، جامائەتمۇ بۇنى قوللىدى.4شۇنىڭ بىلەن ئۇلار زور مىقداردا ئادەم توپلاپ، بارلىق سۇ مەنبەلىرى بولغان بۇلاقلارنى ۋە دالاغا قاراپ ئاقىدىغان ئېقىننى توسۇپ، ئاسسۇر پادىشاھىغا يېتەرلىك سۇ قالدۇرمىدى.5خىزكىيا بۇزۇلغان شەھەر سېپىللىرىنى ياسىتىش قارارىغا كەلدى. مۇنارلارنى ئېگىزلەتتى. شەھەر سېپىلىنىڭ سىرتىغا يەنە بىر قات سېپىل سالدۇردى. «داۋۇت شەھىرى»دىكى «تىندۇرۇلغان يەر»نىڭ مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىپ، نۇرغۇن قورال-ياراغ ۋە قالقانلار ياساتتى.6ئۇ قوشۇنلىرىغا سەركەردىلەرنى تەيىنلەپ، خەلقنى شەھەر دەرۋازىسى يېنىدىكى مەيدانغا توپلىدى. ئۇ خەلققە ئىلھام بېرىپ، مۇنداق دېدى:
7_ سىلەر قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بولۇڭلار. ئاسسۇر پادىشاھى ۋە ئۇنىڭ زور قوشۇنىدىن || قورقماڭلار، ئۈمىدسىزلەنمەڭلار | قورقۇپ، بوشىشىپ كەتمەڭلار || . چۈنكى بىزگە يار بولغۇچى ئۇنىڭغا يار بولغۇچىدىن تېخىمۇ قۇدرەتلىكتۇر.8ئۇنىڭغا يار بولغۇچى ئىنسانىي قۇدرەت بولسا، بىزگە يار بولغۇچى پەرۋەردىگارىمىز خۇدادۇر. ئۇ بىزگە ياردەمدە بولىدۇ، بىز ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىدۇ.
خەلق پادىشاھ خىزكىيانىڭ بۇ سۆزلىرىدىن ئىلھام ئالدى.

9شۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن لەشكەرلىرى بىلەن لاكىش شەھىرىنى قامال قىلغان ئاسسۇر پادىشاھى سانخېرىب يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى يېرۇسالېمغا ئەۋەتىپ، يەھۇدىيە پادىشاھى خىزكىيا ۋە پۈتۈن يەھۇدىيەلىكلەرگە مۇنداق دېدى:
10_ ئاسسۇر پادىشاھى سانخېرىب مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر نېمەڭلارغا تايىنىپ، يېرۇسالېم قورشاۋىدىن قۇتۇلۇپ قېلىش ئۈمىدىدە بولۇۋاتىسىلەر؟11پادىشاھىڭلار خىزكىيا: ‹پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بىزنى ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىدۇ› دەپ، سىلەرنى ئالداپ كەتمىسۇن. ئۇ سىلەرنى ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇقتا ھالاك قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ.12پادىشاھىڭلار خىزكىيا پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ سەجدىگاھلىرى ۋە قۇربانلىق سۇپىلىرىنى ئاللىقاچان ۋەيران قىلىپ، يېرۇسالېم ۋە بارلىق يەھۇدىيە خەلقىگە، پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن پەقەت بىرلا قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئېيتمىغانمىدى؟13ئەجەبا سىلەر مېنىڭ ۋە ئەجدادلىرىمنىڭ باشقا ئەللەرنىڭ خەلقلىرىگە نېمىلەرنى قىلغانلىقىمىزنى بىلمەمسىلەر؟ قايسىبىر خەلقنىڭ ئىلاھلىرى ئۆز خەلقىنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالىغان؟14مېنىڭ ئەجدادلىرىم تەلتۆكۈس يوقاتقان ئەللەرنىڭ ئىچىدە قايسى ئەلنىڭ ئىلاھلىرى خەلقىنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالىغان؟ ئۇنداقتا سىلەرنىڭ خۇدايىڭلارمۇ سىلەرنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالارمۇ؟15شۇڭا سىلەر خىزكىياغا ئالدانماڭلار ھەم ئىشەنمەڭلار. خىزكىيا سىلەرنى ئازدۇرىۋاتىدۇ. ھەرقانداق بىر خەلقنىڭ ۋە پادىشاھلىقنىڭ ئىلاھى ئۆزىنىڭ خەلقىنى ئەجدادلىرىمنىڭ قولىدىن ياكى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالمىغان تۇرسا، سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار سىلەرنى قانداق قۇتقۇزالىسۇن؟»
16ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ ئەمەلدارلىرى يەنە باشقا سۆزلەر بىلەن پەرۋەردىگار خۇدانى ۋە ئۇنىڭ خىزمەتكارى بولغان خىزكىيانى ھاقارەتلىدى.
17سانخېرىب يەنە نۇرغۇن مەكتۇپلارنى يېزىپ، ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانى ھاقارەتلەپ: «باشقا خەلقلەرنىڭ ئىلاھلىرى مېنىڭ قولۇمدىن خەلقىنى قۇتقۇزالمىغانىكەن، خىزكىيانىڭ خۇداسىمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس» دېدى.
18ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ ئەمەلدارلىرى ئىبرانىي تىلىدا سېپىلنىڭ ئۈستىدىكى يېرۇسالېملىقلارغا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ۋارقىراپ، ئۇلارنى قورقۇتۇپ، ۋەھىمىگە سېلىپ، شەھەرنى ئېلىشقا ئاسانلىق ياراتماقچى بولدى.19ئۇلار يېرۇسالېمنىڭ خۇداسىنى باشقا ئەل خەلقلىرىنىڭ ئىلاھلىرى قاتارىدا كۆرۈپ، ئۇ توغرۇلۇق خۇددى ئىنسان قولى بىلەن ياسالغان بۇتلار ھەققىدە سۆزلىگەندەك سۆزلىدى.
20شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ خىزكىيا ۋە ئاموزنىڭ ئوغلى پەيغەمبەر يەشايا خۇداغا ئىلتىجا قىلىپ، دۇئا قىلدى.21پەرۋەردىگار ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ قارارگاھىغا بىر پەرىشتىنى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ بارلىق خىللانغان لەشكەرلىرى، سەركەردىلىرى ۋە بارلىق لەشكەر باشلىرىنى ھالاك قىلدى. سانخېرىب نومۇس ئىچىدە يۇرتىغا قايتىپ كەتتى. ئۇ ئۆز ئىلاھىنىڭ بۇتخانىسىغا بارغان ۋاقتىدا، ئوغۇللىرىدىن بەزىلىرى ئۇنى قىلىچلاپ ئۆلتۈردى.22شۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگار خىزكىيانى ۋە يېرۇسالېم ئاھالىلىرىنى ئاسسۇر پادىشاھى سانخېرىبنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدى ۋە باشقا دۈشمەنلىرىدىن قوغداپ، زېمىنىغا تىنچلىق ئاتا قىلدى.23يات خەلقلەردىن نۇرغۇن كىشىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتاپ، يېرۇسالېمغا ھەدىيە ئەكەلدى. يەھۇدىيە پادىشاھى خىزكىياغىمۇ قىممەت باھالىق بۇيۇملارنى سوۋغات قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن خىزكىيا ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى.

خىزكىيانىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرىدىكى ئىشلار

24ئۇ ۋاقىتتا خىزكىيا ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قالغانىدى. ئۇ پەرۋەردىگاردىن ئۆتۈندى. پەرۋەردىگار جاۋاب بېرىپ، ئۇنىڭغا ساقىيىش ھەققىدە بىر بېشارەت ئاتا قىلدى.25ئەمما خىزكىيا پەرۋەردىگارنىڭ شاپائىتىگە رەھمەت بىلدۈرمىدى، چۈنكى ئۇنىڭ قەلبىدە تەكەببۇرلۇق بار ئىدى. شۇڭا خۇدا ئۇنىڭغا، يېرۇسالېمغا ۋە پۈتۈن يەھۇدىيەگە غەزەپ ياغدۇردى.26كېيىن خىزكىيا ۋە يېرۇسالېم ئاھالىلىرى قەلبلىرىدىكى تەكەببۇرلۇقىغا توۋا قىلىشتى. شۇنىڭدىن كېيىن تاكى خىزكىيا ۋاپات بولغۇچە پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى خەلققە چۈشمىدى.
27خىزكىيا شۇنچىلىك باي ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىدى، ئۇ ئامبار ياسىتىپ، ئالتۇن، كۈمۈش، ئېسىل تاشلار، خۇشبۇي ئەشيالار، قالقان ۋە ھەر خىل قىممەت باھالىق بۇيۇملارنى ساقلىدى.28ئۇ يەنە ئاشلىق، شاراب، زەيتۇن يېغى ئۈچۈن ئامبارلارنى ياساتتى. ھەر خىل چارۋا ماللار ئۈچۈن ئېغىللار سالدۇردى، قويلىرىنى ئېغىللاردا باقتى.29ئۇ يەنە ئۆزى ئۈچۈن يېزىلارنى قۇردى. ئۇنىڭ ناھايىتى كۆپ چارۋا ماللىرى بار ئىدى. خۇدا ئۇنىڭغا ھەددى-ھېسابسىز بايلىق ئاتا قىلغانىدى.30خىزكىيا يۇقىرىدىكى گىھون بۇلىقىنىڭ ئېقىنىنى توسۇپ، غەربكە، يەنى تۆۋەندىكى «داۋۇت شەھىرى»گە ئېلىپ كىردى. ئۇ ھەممە ئىشتا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەنىدى.31بىراق بابىل ئەمەلدارلىرىنىڭ ئەلچىلىرى خىزكىيا بىلەن كۆرۈشكىلى كېلىپ، ئۇنىڭدىن بۇ يەردە كۆرگەن بېشارىتى ھەققىدە ئۇچۇر ئاڭلىماقچى بولدى. خۇدا بۇ ئىشنى ئۇنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا قالدۇردى. چۈنكى خۇدا ئۇنى سىنىماقچى ۋە ئۇنىڭ قەلبىنىڭ قانداقلىقىنى بىلىپ باقماقچى ئىدى.
32خىزكىيا پادىشاھنىڭ باشقا ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە ئۇنىڭ پەرۋەردىگارغا بولغان ساداقىتى «يەھۇدىيە ۋە ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىسى»نىڭ بىر قىسمى بولغان «ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەرنىڭ ۋەھىي»سىگە پۈتۈلگەندۇر.33خىزكىيا ۋاپات بولدى. ئۇ داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ قەبرىستانلىقىنىڭ تۆرىگە دەپنە قىلىندى. يېرۇسالېم ئاھالىلىرى ۋە پۈتۈن يەھۇدىيەلىكلەر ئۇنىڭغا ھازا تۇتتى. ئوغلى ماناسسە ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.

33

پادىشاھ ماناسسە

1ماناسسە تەختكە چىققان چاغدا 12 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 55 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى.2ماناسسە پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئىسرائىللارنىڭ كۆز ئالدىدا پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ھەيدەپ چىقىرىۋېتىلگەن يات ئەللەرنى دوراپ، يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلدى.3ئۇ ئاتىسى خىزكىيا ۋەيران قىلغان غەيرىي سەجدىگاھلارنى قايتىدىن ياساتتى، يەنە ئىلاھ بائالغا ئاتاپ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى، ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى ياساتتى ھەمدە ھەر خىل ئاسمان جىسىملىرىغا چوقۇنۇپ، ئۇلارغا سەجدە قىلدى.4ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ: «يېرۇسالېم مەڭگۈ مېنىڭ ئۆيۈم بولسۇن» دېگەن جايدا، يەنى يېرۇسالېمدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا ساختا ئىلاھلارغا ئاتاپ قۇربانلىق سۇپىلىرى ياساتتى.5ئۇ يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئىچكىرى ۋە تاشقىرى ھويلىلىرىغا ھەر خىل ئاسمان جىسىملىرى ئۈچۈن قۇربانلىق سۇپىلارنى ياساتتى.6ماناسسە ئۆز ئوغۇللىرىنى بەنھىننوم جىلغىسىدا قۇربانلىق قىلىپ، ئوتتا كۆيدۈردى. پالچىلىق، باخشىلىق، جادۇگەرلىك قىلىش ۋە ئەرۋاھلاردىن مەدەت تىلەشتەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى.7ئۇ يەنە ئۆزى ياساتقان بۇتنى خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا قويدى. خۇدا بۇ ئىبادەتخانا توغرۇلۇق داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئوغلى سۇلايمانغا: «مەن ئىسرائىل قەبىلىلىرىگە تەۋە شەھەرلەردىن تاللىۋالغان يېرۇسالېمدىكى مۇشۇ ئىبادەتخانا مېنىڭ مەڭگۈلۈك ئۆيۈم بولسۇن.8ئەگەر ئىسرائىللار مەن مۇسا ئارقىلىق ئۇلارغا بۇيرۇغان پۈتۈن قانۇن ۋە ئەمرلىرىمگە ئىتائەت قىلسا، مەن ئۇلارنى ئەجدادلىرىغا بەرگەن بۇ زېمىندىن يەنە ئايرىمايمەن» دېگەنىدى.9لېكىن ماناسسە يەھۇدىيە، جۈملىدىن يېرۇسالېم خەلقىنى ئازدۇرۇپ، ئىسرائىللارنىڭ كۆز ئالدىدا پەرۋەردىگار تەرىپىدىن يوقىتىلغان يات ئەللەردىنمۇ بەكرەك يامان ئىشلارنى قىلدى.
10پەرۋەردىگار ماناسسەنى ۋە ئۇنىڭ خەلقىنى ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار قۇلاق سالمىدى.11شۇڭا پەرۋەردىگار ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ سەركەردىلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا ھۇجۇم قىلدۇردى. ئۇلار ماناسسەنى تۇتقۇن قىلىپ، بۇرنىغا چۈلۈك ئۆتكۈزۈپ، تۇچ كىشەن بىلەن كىشەنلەپ، بابىلغا ئېلىپ كەتتى.12ماناسسە قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، ئۆزى ۋە ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇدادىن مەدەت تىلىدى ھەمدە ئۇنىڭ ئالدىدا گۇناھىغا قاتتىق توۋا قىلدى.13پەرۋەردىگار ئۇنىڭ دۇئاسىنى قوبۇل قىلدى. ئۆتۈنۈشىنى ئاڭلاپ، ئۇنى يېرۇسالېمغا قايتۇرۇپ ئەكېلىپ، داۋاملىق پادىشاھ قىلدى. ماناسسە شۇندىلا پەرۋەردىگارنىڭ بىردىنبىر خۇدا ئىكەنلىكىنى چۈشەندى.
14بۇ ئىشتىن كېيىن ماناسسە «داۋۇت شەھىرى»نىڭ تاشقى سېپىلنى ياساتتى. ئۇ سېپىلنى قىدرون جىلغىسىدىكى گىھون بۇلىقىنىڭ غەرب تەرىپىدىن باشلاپ، ئوفەل ئېگىزلىكىنى ئايلاندۇرۇپ، «بېلىق دەرۋازىسى»غا تۇتاشتۇردى. سېپىلنى بەك ئېگىز سوقتۇردى. ماناسسە يەھۇدىيەنىڭ ھەرقايسى مۇستەھكەم شەھەرلىرىدە سەركەردىلىرىنى تۇرغۇزدى.15پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى باشقا خەلقلەرنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ بۇتلىرىنى ۋە ئۆزى ياسىتىپ، قويدۇرغان بۇتنى ئېلىپ تاشلىدى. ئۇ يەنە ئىبادەتخانا تېغىدا ۋە يېرۇسالېمدا ياساتقان بارلىق غەيرىي قۇربانلىق سۇپىلىرىنى چاقتۇرۇپ، شەھەر سىرتىغا تاشلاتقۇزۇۋەتتى.16ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىنى قايتا ياسىتىپ، ئۇ يەردە ئامانلىق ۋە مىننەتدارلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇندى ھەم يەھۇدىيەلىكلەرنى ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا بۇيرۇدى.17شۇنداق بولسىمۇ خەلق يەنىلا غەيرىي سەجدىگاھلاردا قۇربانلىق قىلىۋەردى. لېكىن ئۇلار قۇربانلىقلىرىنى پەقەت ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇداغىلا ئاتايتتى.
18ماناسسە پادىشاھنىڭ باشقا ئىش-ھەرىكەتلىرى، ئۇنىڭ خۇداغا قىلغان دۇئاسى ھەمدە غايىبنى بىلگۈچىلەرنىڭ ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ نامىدا ئۇنىڭغا قىلغان سۆزلىرى «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىسى»گە پۈتۈلگەندۇر.19ئۇنىڭ دۇئاسى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ جاۋابى، گۇناھىغا توۋا قىلىشتىن ئىلگىرىكى بارلىق گۇناھلىرى، ساداقەتسىزلىكى، غەيرىي سەجدىگاھلارنى ياساتقان، ئاشېرا ۋە باشقا ئىلاھلارنىڭ بۇتلىرىنى تىكلىگەن جايلىرى «غايىبنى بىلگۈچىلەرنىڭ تەزكىرىسى»گە پۈتۈلگەندۇر.20ماناسسە ۋاپات بولۇپ، ئوردا ئىچىگە دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئامون ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.

پادىشاھ ئامون

21ئامون تەختكە چىققان چاغدا 22 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا ئىككى يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى.22ئامون ئاتىسى ماناسسەگە ئوخشاش، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ماناسسە ياساتقان ھەممە بۇتلارغا قۇربانلىق قىلىپ چوقۇندى.23ئەمما ئاتىسى ماناسسە پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھىنى تونۇغان بولسىمۇ، لېكىن ئامون ئۇنداق قىلماي، ئاتىسىدىن كۆپرەك گۇناھ قىلدى.24ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭغا سۇيىقەست قىلىپ، ئۇنى ئوردىسىدا ئۆلتۈرۈۋەتتى.25لېكىن خەلق ئامون پادىشاھقا سۇيىقەست قىلغان بارلىق كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈپ، ئوغلى يوشىيانى ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى.

34

خۇدانىڭ قانۇنىنىڭ يازمىسىنىڭ تېپىلىشى

1يوشىيا تەختكە چىققان چاغدا سەككىز ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 31 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى.2يوشىيا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى. ئۇ ھەر ئىشتا ئەجدادى داۋۇتنىڭ يولىنى تۇتتى، چەتنەپ كەتمىدى.
33 يوشىيا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 8-يىلى، گەرچە ئۇ تېخى كىچىك بولسىمۇ، ئەجدادى داۋۇت ئېتىقاد قىلغان خۇداغا ئىنتىلىشكە باشلىدى. ئۇ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 12-يىلى يېرۇسالېم ۋە پۈتۈن يەھۇدىيەنى غەيرىي سەجدىگاھلاردىن، ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىدىن، ئويما ۋە قۇيما بۇتلاردىن تازىلاشقا باشلىدى.4خەلق پادىشاھنىڭ ئالدىدا بائال ئىلاھىنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى، ئۇلارنىڭ يېنىدىكى ئىسرىقدانلارنى، ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى ۋە ئويما، قۇيما بۇتلارنى بۇزۇپ، كۇكۇم-تالقان قىلدى ھەمدە ئۇلارنى چوقۇنغۇچىلىرىنىڭ قەبرىلىرىگە چېچىۋەتتى.5ئۇلارنىڭ روھانىيلىرىنىڭ ئۇستىخانلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرىدا كۆيدۈردى. شۇنداق قىلىپ ئۇ يېرۇسالېم ۋە پۈتۈن يەھۇدىيەنى پاكلىدى.6ئۇ يەنە ماناسسە، ئەفرايىم، شىموننىڭ شەھەرلىرىدىكى ۋە يىراقتىكى نافتالىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى خارابىلىكلەردە7قۇربانلىق سۇپىلىرىنى بۇزدۇردى. ئاشېرانىڭ بۇتلىرىنى ۋە باشقا بۇتلارنى كۇكۇم-تالقان قىلدۇردى. ئىسرائىلىيە چېگراسى ئىچىدىكى بارلىق ئىسرىقدانلارنى چاقتۇردى. ئاندىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كەتتى.
8يوشىيا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 18-يىلى زېمىنىنى ۋە ئىبادەتخانىنى پاكلاش نىيىتىگە كەلدى. شۇڭا ئۇ ئازاليانىڭ ئوغلى پۈتۈكچى شافاننى، شەھەر باشلىقى مائاسېيانى ۋە يوئاخازنىڭ ئوغلى تەزكىرىچى يوئاخنى پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنى ئوڭشاشقا ئەۋەتتى.9لاۋىيلاردىن بولغان مۇھاپىزەتچىلەر خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئەكەلگەن پۇللارنى ئىسرائىلىيەدىكى ماناسسە، ئەفرايىم ۋە باشقا قەبىلىلەر، شۇنداقلا يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىلىرى ھەم يېرۇسالېم ئاھالىلىرىدىن يىغقانىدى. پادىشاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنلەر باش روھانىي خىلقىيانىڭ يېنىغا بېرىپ،10پۇللارنى ئېلىپ، ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى ئوڭشاش ۋە مۇستەھكەملەشكە مەسئۇل بولغان قۇرۇلۇش نازارەتچىلىرىگە بەردى. نازارەتچىلەر بۇ پۇللار بىلەن ئىبادەتخانىنى ئوڭشىغان ئىشچىلارنىڭ ھەققىنى تۆلىدى.11قالغان پۇللارنى ياغاچچى ۋە باشقا قۇرۇلۇشچىلار بۇرۇنقى يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى تۈپەيلىدىن خاراب بولغان ئىبادەتخانىنى ئوڭشاش ئۈچۈن يونۇپ تەييارلانغان تاش، لىم ۋە ۋاسىغا كېتىدىغان ياغاچلارنى سېتىۋېلىشقا ئىشلەتتى.
13-12 قۇرۇلۇش نازارەتچىلىرى سەمىمىيلىك بىلەن ئىشلىدى. ئۇلارغا لاۋىيلارنىڭ مىرارى جەمەتىدىن بولغان ياخات ۋە ئوبادىيا، قوھات جەمەتىدىن زىكىرىيا ۋە مىشۇللاملار مەسئۇللۇققا تەيىنلەندى. ئۇلار يەنە توشۇغۇچىلارغا ۋە باشقا قۇرۇلۇشچىلارنى باشقۇرىدىغانلارغا مەسئۇل بولاتتى. لاۋىيلارنىڭ ھەممىسى ساز چېلىشقا ماھىر ئىدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى پۈتۈكچى، باشقۇرغۇچى ۋە دەرۋازىۋەن بولۇپ ئىشلەيتتى.
14ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا يىغىلغان پۇللارنى ئېلىۋاتقاندا، باش روھانىي خىلقىيا پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق بەرگەن قانۇنىنىڭ بىر يازمىسىنى تاپتى.15خىلقىيا پۈتۈكچى شافانغا:
_ مەن ئىبادەتخانىدىن پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنى يېزىلغان بىر يازمىنى تاپتىم، _ دېدى ۋە يازمىنى ئۇنىڭغا بەردى.

16شافان يازمىنى ئېلىپ، پادىشاھ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا:
_ بىزكى خىزمەتكارلىرى ئۆزلىرى تاپشۇرغان ۋەزىپىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئادا قىلىۋاتىمىز.
17پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى پۇللارنى ئېلىپ، ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل بولغۇچىلارغا ۋە قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىغا تاپشۇرۇپ بەردۇق، _ دەپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلدى.18ئاندىن پۈتۈكچى شافان يەنە پادىشاھقا:
_ باش روھانىي خىلقىيا ماڭا بىر يازما بەردى، _ دېدى ۋە ئۇنى پادىشاھنىڭ ئالدىدا ئوقۇدى.

19پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ قانۇندىكى سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ۋەھىمىگە چۈشۈپ، كىيىملىرىنى يىرتتى.20ئۇ خىلقىياغا، شافاننىڭ ئوغلى ئاخىقام، مىكاھنىڭ ئوغلى ئابدون، پۈتۈكچى شافان ۋە خىزمەتكارى ئاساياغا:
21_ ئەجدادلىرىمىز مۇشۇ يازمىغا پۈتۈلگەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالمىغانلىقتىن ۋە بىزگە يېزىپ بەرگەن ئەمرلىرىگە بويسۇنمىغانلىقتىن پەرۋەردىگار بىزگە قاتتىق غەزىپىنى ياغدۇرۇپتۇ. سىلەر بېرىپ، مەن ئۈچۈن ھەم ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەدىكى ئامان قالغانلار ئۈچۈن، تېپىلغان يازمىدىكى سۆزلەر توغرىسىدا پەرۋەردىگاردىن يوليورۇق سوراڭلار، _ دەپ بۇيرۇق قىلدى.
22شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئەۋەتكەن ئادەملەر خىلقىياغا ئەگىشىپ ئايال پەيغەمبەر خۇلداھ بىلەن كۆرۈشكىلى باردى. ئۇ شاللۇمنىڭ خوتۇنى ئىدى. شاللۇم كىيىم ساقلايدىغان ئامبارنى باشقۇرىدىغان ئادەم بولۇپ، ئۇ خاسراھنىڭ نەۋرىسى، توقھاتنىڭ ئوغلى ئىدى. خۇلداھ يېرۇسالېمنىڭ يېڭى مەھەللىسىدە ئولتۇراتتى. ئۇلار خۇلداھتىن مەسلىھەت سورىدى.
23خۇلداھ ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
_ ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرنى مېنىڭ ئالدىمغا ئەۋەتكەن كىشىگە بېرىپ ئېيتىڭلار:
24‹ئاڭلا، مەن دەل يەھۇدىيە پادىشاھىنىڭ ئالدىدا ئوقۇلغان ئاشۇ يازمىدىكى بارلىق قارغىشلاردەك، بۇ يۇرتقا ۋە ئۇنىڭ ئاھالىسىگە بالا-قازا ياغدۇرىمەن،25چۈنكى ئۇلارنىڭ مېنى تەرك ئېتىپ، باشقا ئىلاھلارغا قۇربانلىق كۆيدۈرۈشىدەك قىلمىشلىرى غەزىپىمنى كەلتۈردى. غەزەپ ئوتۇم مۇشۇ يەردە ياغىدۇ، ئۆچمەيدۇ›».
27-26 خۇلداھ ئۇلارغا يەنە مۇنداق دېدى:
_ لېكىن سىلەرنى پەرۋەردىگاردىن يوليورۇق سوراشقا ئەۋەتكەن يەھۇدىيە پادىشاھىغا مۇنداق دەپ ئېيتىڭلار: «ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدا ساڭا مۇنداق دەيدۇ: ‹سەن مېنىڭ بۇ يۇرتقا ۋە ئۇنىڭ ئاھالىسىگە ئېيتقان سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ، كۆڭلۈڭ يۇمشاپ، ئالدىمدا ئۆزۈڭنىڭ گۇناھىنى تونۇپ، كىيىملىرىڭنى يىرتىپ، يىغلىدىڭ. شۇڭا مەنمۇ سېنىڭ ئىلتىجالىرىڭنى قوبۇل قىلدىم. بۇ، مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.
28قۇلاق سالغىنكى، مەن بۇ يەرگە ۋە بۇ يەردىكى ئاھالىلەرگە ئېلىپ كېلىدىغان بالا-قازانى سەن ۋاپات بولۇشتىن بۇرۇن ئەكەلمەيمەن. سەن ئۆز قەبرەڭگە تىنچ ھالدا دەپنە قىلىنىسەن. بۇ بالا-قازالارنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرمەيسەن›».
ئۇلار قايتىپ بېرىپ، بۇ سۆزلەرنى پادىشاھقا يەتكۈزدى.

29پادىشاھ يوشىيا يېرۇسالېم ۋە پۈتۈن يەھۇدىيەنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرىنى يىغدى.
30پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا باردى. پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقى، يېرۇسالېمدىكى ئاھالىلەر، روھانىيلار، لاۋىيلار ۋە پۇقرالاردىن مەرتىۋىلىكلەرگىچە ھەممىسى كېلىشتى. پادىشاھ ئۇلارغا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىن تېپىلغان يازمىغا پۈتۈلگەن ئەھدىنامىنى تولۇقى بىلەن ئۈنلۈك ئوقۇپ بەردى.31پادىشاھ ئۆزىنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئەھدىنى قايتىدىن مۇقىملىدى. ئۇ پەرۋەردىگارغا چىن قەلبى ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا، قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئەمەل قىلىپ، بۇ يازمىدا پۈتۈلگەن ئەھدىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ۋەدە بەردى.
32ئاندىن پادىشاھ پۈتۈن يېرۇسالېم ئاھالىسى ۋە بىنيامىن قەبىلىسىدىكىلەرگە بۇ ئەھدىگە رىئايە قىلىش ھەققىدە ۋەدە بەرگۈزدى. شۇڭا يېرۇسالېم ئاھالىسى ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلغان خۇدا بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىگە ئەمەل قىلدى.33يوشىيا پادىشاھ ئىسرائىل خەلقىگە تەۋە بولغان بارلىق زېمىنلاردىكى يىرگىنچلىك بۇتلارنىڭ ھەممىسىنى يوقاتتى ۋە ئىسرائىلىيەدە ياشىغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇلارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇداغا ئىبادەت قىلدۇردى. ئۇنىڭ دەۋرىدە خەلق ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇدادىن يۈز ئۆرۈمىدى.

35

ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى

1يوشىيا يېرۇسالېمدا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزدى. جامائەت ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ ماللىرىنى 1-ئاينىڭ*14-كۈنى بوغۇزلىدى.2يوشىيا روھانىيلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى خىزمىتىنى ياخشى قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.3ئۇ، ئۆزلىرىنى پەرۋەردىگار ئۈچۈن پاكلىغان ۋە پۈتۈن ئىسرائىللارغا تەلىم بېرىشكە مەسئۇل بولغان لاۋىيلارغا مۇنداق دېدى:
_ سىلەر ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى داۋۇتنىڭ ئوغلى سۇلايمان قۇرغان ئىبادەتخانىدىكى مۇقەددەس ئەھدە ساندۇقىغا چېقىلماڭلار، ئۇ ئورنىدا قالسۇن. بۇندىن كېيىن ئەھدە ساندۇقىنى مۈرەڭلاردا كۆتۈرۈپ يۈرۈشىڭلارنىڭ ھاجىتى يوق. سىلەر ھازىردىن باشلاپ سىلەر ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ۋە ئۇنىڭ خەلقى بولغان ئىسرائىللارنىڭ خىزمىتىنى قىلىڭلار.
4سىلەر ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى داۋۇت ۋە ئوغلى سۇلايمان يازغان بەلگىلىمىلەرگە بىنائەن جەمەتلەر ۋە خىزمەتلەر بويىچە ئۆزۈڭلارنى ھازىرلاڭلار.
5سىلەر جەمەت بويىچە مۇقەددەس ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىسىدا تۇرۇڭلار. لاۋىيلارنىڭ ھەربىر جەمەتى قېرىندىشىڭلار بولغان ئىسرائىللارنىڭ باشقا بىرقانچە جەمەتلىرىگە خىزمەت قىلسۇن.6سىلەر ئۆزۈڭلارنى پاكلاپ، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ ماللىرىنى بوغۇزلاڭلار ۋە ئىسرائىل قېرىندىشىڭلار ئۈچۈن قۇربانلىق تەييار قىلىڭلار. بۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق يەتكۈزگەن ئەمرى بويىچە ئېلىپ بېرىڭلار.
7پادىشاھ يوشىيا ئۆزىنىڭ مۈلكىدىن 30,000 پاقلان ۋە ئوغلاق چىقىرىپ، ئىسرائىللارنىڭ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۈچۈن قۇربانلىققا ئاتىدى. ئۇنىڭغا قوشۇپ 3000 تۇياق كالا بەردى.8ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىمۇ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جامائەتكە، روھانىيلارغا، لاۋىيلارغا ئىئانە بەردى. ئىبادەتخانىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل خىلقىيا، زىكىرىيا، يىخىئېل قاتارلىق روھانىيلار باشقا روھانىيلارنىڭ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن 2600 تۇياق پاقلان ۋە ئوغلاق، ئۇنىڭغا قوشۇپ ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن 300 تۇياق كالا ھەدىيە قىلدى.9لاۋىيلارنىڭ باشلىقى بولغان كونانيا ۋە ئۇنىڭ ئىنىلىرى شىمايا، نىتانئېل ھەمدە لاۋىيلارنىڭ باشقا باشلىقلىرى بولغان خاشابيا، يىئىئېل، يوزاباد قاتارلىقلار باشقا لاۋىيلارنىڭ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا قۇربانلىق قىلىشى ئۈچۈن 5000 تۇياق پاقلان ۋە ئوغلاق، ئۇنىڭغا قوشۇپ 500 تۇياق كالا ئىئانە قىلدى.
10شۇنداق قىلىپ ھەممە ئىشلار تەييار بولدى. پادىشاھنىڭ پەرمانى بويىچە روھانىيلار ئۆزلىرىنىڭ ئورۇنلىرىدا تۇرۇشتى، لاۋىيلارمۇ ئۆز توپلىرى بويىچە تۇرۇشتى.11لاۋىيلار ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۈچۈن پاقلان ۋە ئوغلاق بوغۇزلىغاندا، روھانىيلار ئۇلارنىڭ قوللىرىدىن قانلارنى ئېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىغا چاچتى. ئاندىن لاۋىيلار قۇربانلىق ماللارنىڭ تېرىلىرىنى سويدى.12ئۇلار مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن يازمىلاردا يېزىلغىنى بويىچە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى ئايرىم قويدى ۋە ئۇلارنى جامائەتكە جەمەتلەر بويىچە بۆلۈپ بەردى. جامائەت ئۇلارنى پەرۋەردىگارغا ئاتىدى. كالىلارنىمۇ مۇشۇنداق قىلدى.13ئۇلار بەلگىلىمە بويىچە ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ پاقلان ۋە ئوغلاقلىرىنى ئوتقا قاقلاپ پىشۇردى. پەرۋەردىگارغا ئاتالغان كالىلارنىڭ گۆشىنى قازان، كورىلاردا پىشۇردى. ئاندىن ھەممىسىنى دەرھال پۈتۈن جامائەتكە تارقىتىپ بەردى.14ئاندىن لاۋىيلار ئۆزلىرى ۋە روھانىيلار ئۈچۈن قۇربانلىق ماللىرىنى تەييارلىدى. چۈنكى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان روھانىيلارنىڭ قولى كەچكىچە بوش ئەمەس ئىدى. ئۇلار كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى ۋە ماللارنىڭ مېيىنى كۆيدۈرۈش بىلەن ئاۋارە ئىدى.15ئاسافنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان نەغمىچىلەر داۋۇت پادىشاھنىڭ، ئاسافنىڭ، ھېماننىڭ ۋە پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە بولغان غايىبنى بىلگۈچى يىدۇتۇننىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئۆزىنىڭ ئىش ئورۇنلىرىدا بولۇشتى. ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرى ئۆزلىرى مەسئۇل دەرۋازىلاردا تۇردى. ھېچكىمنىڭ ئىش ئورۇنلىرىدىن ئايرىلىش زۆرۈرىيىتى بولمىدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى بولغان لاۋىيلار ئۇلار ئۈچۈن قۇربانلىقلارنى تەييارلىغانىدى.16شۇنداق قىلىپ شۇ كۈنى پادىشاھ يوشىيانىڭ پەرمانىغا ئاساسەن پەرۋەردىگارغا بېغىشلانغان ھەممە ئىشلار بېجىرىلدى. ئۇلار ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزدى ھەم پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى.
17شۇ ۋاقىتتا نەق مەيداندىكى ئىسرائىللار ھەم ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ھەم يەتتە كۈن داۋاملاشقان پېتىر نان ھېيتىنى ئۆتكۈزدى.18سامۇئىل پەيغەمبەر زامانىسىدىن بۇيان ئىسرائىلىيەدە ھېچقاچان بۇنداق ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈلۈپ باقمىغانىدى. ئىسرائىلىيەدە ھېچقانداق پادىشاھ يوشىياغا ئوخشاش روھانىيلار، لاۋىيلار، بارلىق يەھۇدىيەلىكلەر، ئىسرائىلىيەلىكلەر ھەم يېرۇسالېمدىكى ئاھالىلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈپ باقمىغانىدى.19يوشىيا پادىشاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 18-يىلى بۇ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتكۈزۈلدى.

يوشىيانىڭ جەڭدە ئۆلتۈرۈلۈشى

20يوشىيا ئىبادەتخانا بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى تەرتىپكە سېلىپ بولغان شۇ ۋاقىتتا، مىسىر پادىشاھى نىكو جەڭ قىلغىلى فىرات دەرياسىنىڭ يېنىدىكى كاركىمىش شەھىرىگە يولغا چىقتى. يوشىيا لەشكەر چىقىرىپ ئالدىنى توسماقچى بولدى.21نىكو ئەلچى ئەۋەتىپ يوشىياغا مۇنداق دېدى:
_ ئەي يەھۇدىيە پادىشاھى، مېنىڭ سەن بىلەن ھېچبىر ئۆچ-ئاداۋىتىم يوق. مەن بۈگۈن بۇ يەرگە مەن بىلەن ئۇرۇش قىلغان باشقا بىر پادىشاھ ئۈچۈن كەلدىم. خۇدا ماڭا بۇ ئۇرۇشنى تېز ئاخىرلاشتۇرۇشقا پەرمان قىلدى. سەن خۇدا بىلەن قارشىلاشما، ئۇنىڭ سېنى ۋەيران قىلىشىدىن ساقلان، چۈنكى خۇدا مەن بىلەن بىرگىدۇر.

22لېكىن يوشىيا خۇدانىڭ نىكو ئارقىلىق دېگەن سۆزلىرىگە پەرۋا قىلمىدى. ئۇ لەشكەرلىرىنى چېكىندۈرمەستىن، ئەكسىچە، قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ، نىكو بىلەن مىگىددو تۈزلەڭلىكىدە جەڭ قىلىشقا باردى.23ئوقياچىلار پادىشاھ يوشىيانى ئوققا تۇتۇشتى. ئۇ خىزمەتكارلىرىغا:
_ مەن ئېغىر يارىلاندىم، مېنى ئېلىپ كېتىڭلار، _ دېدى.

24خىزمەتكارلىرى ئۇنى جەڭ ھارۋىسىدىن يەنە بىر ھارۋىسىغا يۆلەپ چىقىرىپ، يېرۇسالېمغا ئېلىپ كەلدى. يوشىيا ئۆلۈپ، ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى. يېرۇسالېم ۋە پۈتۈن يەھۇدىيەنىڭ خەلقلىرى ئۇنىڭغا ماتەم تۇتتى.25يەرەمىيا پەيغەمبەر پادىشاھ يوشىياغا ئاتاپ مەرسىيە ئوقۇدى. شۇنىڭدىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە بارلىق ئەر-ئايال ناخشىچىلارنىڭ يوشىيا پادىشاھنى خاتىرىلەپ مەرسىيەلەرنى ئوقۇشى داۋاملىشىپ كەلمەكتە. بۇ ئىسرائىللارنىڭ ئادىتىگە ئايلانغانىدى. بۇ مەرسىيەلەر «مەرسىيەلەر توپلىمى»دا خاتىرىلەنگەندۇر.
26يوشىيا پادىشاھنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات قانۇنىنى قانداق ساداقەت بىلەن ئىجرا قىلغانلىقى27«ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىسى»گە پۈتۈلگەندۇر.


*35: 1 1-ئاي _ مىلادىيە كالېندارى بويىچە 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ.


36

1خەلق يوشىيانىڭ ئوغلى يوئاخازنى پادىشاھلىققا تاللىدى ۋە ئۇنى يېرۇسالېمدا ئاتىسىنىڭ ئورنىغا پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى.

پادىشاھ يوئاخاز

2يوئاخاز تەختكە چىققان چاغدا 23 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا ئۈچ ئاي ھۆكۈمرانلىق قىلدى.3ئاندىن مىسىرنىڭ پادىشاھى نىكو ئۇنى يېرۇسالېمدا تەختىدىن چۈشۈرۈپ، يەھۇدىيەگە ئۈچ يېرىم توننا كۈمۈش ۋە 35 كىلو ئالتۇن سېلىق سالدى.4مىسىرنىڭ پادىشاھى نىكو يوئاخازنىڭ ئاكىسى ئەلياقىمنى يېرۇسالېم ۋە پۈتۈن يەھۇدىيەگە پادىشاھ قىلىپ، ئىسمىنى يىھوياقىمغا ئۆزگەرتتى. ئىنىسى يوئاخازنى مىسىرغا ئېلىپ كەتتى.

پادىشاھ يىھوياقىم

5يىھوياقىم تەختكە چىققان چاغدا 25 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 11 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇ پەرۋەردىگار خۇدانىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى.6بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ كەلدى. ئۇ يىھوياقىمنى بابىلغا ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن ئۇنى تۇچ كىشەن بىلەن كىشەنلىدى.7نىبۇكادنەزەر يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى بەزى بۇيۇملارنىمۇ بابىلغا ئەكېتىپ، ئوردىسىغا قويدى.8يىھوياقىم پادىشاھنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى، جۈملىدىن ئۇنىڭ يىرگىنچلىك قىلمىشلىرى «ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىسى»گە پۈتۈلگەندۇر. ئوغلى يىھوياكىن تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.

پادىشاھ يىھوياكىن

9يىھوياكىن تەختكە چىققان چاغدا 18 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا ئۈچ ئاي ئون كۈن ھۆكۈمرانلىق قىلدى. يىھوياكىن پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى.10شۇ يىلى ئەتىياز كەلگەندە پادىشاھ نىبۇكادنەزەر يەھۇدىيە پادىشاھىنى تۇتقۇن قىلدى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى قىممەتلىك بۇيۇملارنى بابىلغا ئەكەلدۈردى. ئاندىن ئۇنىڭ تاغىسى زىدقىيانى يېرۇسالېم ۋە پۈتۈن يەھۇدىيەگە پادىشاھ قىلدى.

زىدقىيا ۋە پادىشاھلىقىنىڭ ھالاك بولۇشى

11زىدقىيا تەختكە چىققان چاغدا 21 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 11 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى.12ئۇ پەرۋەردىگار خۇدانىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. يەرەمىيا پەيغەمبەر ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ گۇناھىنى تونۇمىدى.13نىبۇكادنەزەر ئۇنىڭغا خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلدۇرغان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا نىبۇكادنەزەرگە ئاسىيلىق قىلدى. ئۇ بوينى ۋە دىلىنى قاتتىق قىلىپ، ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ يولىغا قايتمىدى.14شۇنىڭ بىلەن بىرگە روھانىيلارنىڭ ۋە خەلقنىڭ پۈتۈن يولباشچىلىرى بارغانسېرى يات ئەللەرنىڭ يىرگىنچلىك ئىلاھلىرىغا چوقۇنۇپ چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزدى، پەرۋەردىگار يېرۇسالېمدا مۇقەددەس قىلغان ئىبادەتخانىنى بۇلغىدى.15ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدا ئۆزىنىڭ خەلقىگە ۋە ئۆزى ماكان قىلغان ئىبادەتخانىغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇلارنى داۋاملىق پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئاگاھلاندۇرۇپ تۇردى.16لېكىن ئۇلار خۇدانىڭ ئەلچىلىرىنى مازاق قىلىپ، خۇدانىڭ سۆزلىرىنى زاڭلىق قىلىپ، پەيغەمبەرلىرىنى مەسخىرە قىلدى. ئاخىرى پەرۋەردىگار شۇ قەدەر غەزەپلەندىكى، ئۇلار قۇتقۇزۇۋالغۇسىز ھالغا چۈشۈپ قالدى.
17پەرۋەردىگار بابىل پادىشاھىنى ئۇلارغا ھۇجۇم قىلدۇردى. بابىللىقلار مۇقەددەس ئىبادەتخانىدا ئۇلارنىڭ ياشلىرىنى قىلىچتىن ئۆتكۈزدى. ئۇلار نە قىزلارغا، نە ئوغۇللارغا، نە قېرىلارغا ياكى ئاجىزلارغا شەپقەت قىلمىدى. پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى.18بابىل پادىشاھى خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى بارلىق چوڭ-كىچىك بۇيۇملارنى، قىممەتلىك نەرسىلەرنى، پادىشاھ خەزىنىسىدىكى ۋە ئەمەلدارلارنىڭ بارلىق بايلىقلىرىنى، قىسقىسى ھەممىنى بابىلغا ئېلىپ كەتتى.19بابىللىقلار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنى كۆيدۈرۈپ، يېرۇسالېمنىڭ سېپىللىرىنى بۇزۇۋەتتى ھەمدە سارايلارغا ئوت قويۇپ، ئىچىدىكى بارلىق قىممەتلىك نەرسىلەرنى ۋەيران قىلدى.20ئۆلۈمدىن ئامان قالغانلارنى بابىلغا ئەسىر قىلىپ ئېلىپ كەتتى. ئۇلار ئۇ يەردە تاكى پېرسىيە پادىشاھلىقى دەۋرىگىچە ئۇنىڭ ۋە ئەۋلادلىرىنىڭ قۇلى بولۇپ ياشىدى.21ئىسرائىللارنىڭ زېمىنى بوش قالدى. بۇ زېمىن دەم بېرىلمىگەن يىللارنىڭ سانى توشقۇچە، يەتمىش يىل تاشلاندۇق يەر بولۇپ قالدى. پەرۋەردىگارنىڭ يەرەمىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتقان بۇ توغرىسىدىكى سۆزلىرى ئەمەلگە ئاشتى.

يەھۇدىيلارنىڭ يۇرتىغا قايتىشى

22پېرسىيە پادىشاھى كورەش تەختكە ئولتۇرغان 1-يىلى*پەرۋەردىگار يەرەمىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتقان سۆزلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. پەرۋەردىگار كورەش پادىشاھنىڭ دىلىغا سېلىپ، بىر پەرمان چۈشۈرگۈزدى. پادىشاھ ئۇنى مەكتۇپ قىلىپ پۈتكۈزۈپ، پادىشاھلىقىنىڭ ھەممە يېرىگە تارقاتتى:
23«بۇ مەنكى پېرسىيە پادىشاھى كورەشنىڭ ئېيتقانلىرىدۇر: ‹پەرۋەردىگار، يەنى ئەرشئەلادىكى خۇدا پۈتۈن يەر يۈزىدىكى پادىشاھلىقلارنى ماڭا ئاتا قىلدى. ئۇ مېنى يەھۇدىيەنىڭ يېرۇسالېم شەھىرىدە ئۆزىگە ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا قۇرۇشقا تەيىنلىدى. ئاراڭلاردىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خەلقى بولغانلار يېرۇسالېم شەھىرىگە قايتسا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان خۇدا ئۇلارغا يار بولغاي!›»


*36: 22 كورەش پادىشاھ مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 539-يىلى تەختكە ئولتۇرغان.