«تارىخلار 2- قىسىم»

قىسقىچە چۈشەندۈرۈش

«تارىخلار»نىڭ 2-قىسمىدا، سۇلايمان پادىشاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن تاكى پېرسىيە پادىشاھى كورەشنىڭ يەھۇدىيەلىكلەرگە قايتىش پەرمانى چۈشۈرگۈچە بولغان ئارىلىقتىكى ئىسرائىلىيەنىڭ تارىخى، يەنى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 970-يىلىدىن 538-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ۋەقەلەر بايان قىلىنىدۇ.
«تارىخلار»نىڭ 2-قىسمى بىلەن «پادىشاھلار»نىڭ 1- ۋە 2-قىسىملىرىنىڭ پەرقى شۇكى، مۇئەللىپ «تارىخلار»نىڭ 2-قىسمىدا شىمالدىكى پادىشاھلىق ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھلىرى ھەققىدە ئەمەس، بەلكى پەقەت جەنۇبتىكى پادىشاھلىق يەھۇدىيەنىڭ پادىشاھلىرى ھەققىدە توختىلىدۇ. ئەمما، شىمالدىكى ئىسرائىللارنىمۇ ئۇنتۇپ قالماي، ئۇلارنىمۇ پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىشقا چاقىرىدۇ. «پادىشاھلار» بىلەن «تارىخلار»نىڭ يەنە بىر پەرقى شۇكى، «تارىخلار»دا پادىشاھلارنىڭ دۇئالىرى، نۇتۇقلىرى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ پادىشاھلارغا يەتكۈزگەن ۋەھىيلىرى كۆپرەك سالمىقى ئىگىلەيدۇ.
«تارىخلار»نىڭ 2-قىسىمدا ئالدى بىلەن سۇلايمان پادىشاھنىڭ ئاتىسى داۋۇت پادىشاھنىڭ ئىبادەتخانا سېلىش پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقى تەسۋىرلىنىدۇ. ئىبادەتخانا ئەھدە ساندۇقىنى مۇقىم ئورۇنغا ئىگە قىلىپ، گىبئون شەھىرىدىكى ۋاقىتلىق مۇقەددەس چېدىرىنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ. ئىبادەتخانا پۈتۈپ، پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ۋاقىتتا، چۆلدە ئۇچرىشىش چېدىرى تىكىلگەن چاغدا پەيدا بولغان پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى قايتا پەيدا بولىدۇ («مىسىردىن چىقىش» 40-باب 34-ئايەت).
مۇئەللىپ «تارىخلار»نىڭ 2-قىسىمدا ئىسرائىللارنىڭ بۇرۇن قانداق كۈنلەرنى كۆرگەنلىكىنى يازىدۇ. ئىسرائىللار ۋە ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرى پەرۋەردىگارغا ئىنتىلىپ، ئۇنىڭ قانۇنىغا ئەمەل قىلىپ ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغاندا، بەختكە ئېرىشىدۇ. لېكىن خۇدادىن يۈز ئۆرگەندە، جازالىنىدۇ. ئىسرائىللار قايتا- قايتا بۇتپەرەسلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگار ئۇلارنى جازالاپ، بابىللىقلارنىڭ ئەسىرىگە ئايلاندۇرىدۇ ۋە سۈرگۈنگە مەھكۇم قىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە مېھرىبانلىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز زېمىنىغا قايتىشىغا ۋەدە قىلىدۇ. كېيىن بابىللىقلار پېرسىيەلىكلەر تەرىپىدىن يېڭىلىدۇ. مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 538-يىلى پېرسىيە پادىشاھى كورەش پەرمان چۈشۈرۈپ، يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ ئۆز زېمىنىغا قايتىشىغا ئىجازەت بېرىدۇ.

تېزىس

1. سۇلايمان پادىشاھنىڭ پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشى (1-بابتىن 9-بابقىچە)
2. شىمالىي قەبىلىلەرنىڭ ئۆكتە قوپۇشى (10-باب)
3. جەنۇبتىكى يەھۇدىيە پادىشاھلىقى (11-بابتىن 35-بابقىچە)
4. يەھۇدىيە پادىشاھلىقىنىڭ ھالاكىتى (36-باب)