«تارىخلار 1-قىسىم»

1

ئادەمئاتىدىن نۇھنىڭ ئوغۇللىرىغىچە بولغان ئەۋلادلار

1ئادەمئاتىدىن سېت تۆرەلدى، سېتنىڭ ئەۋلادلىرى: ئەنوش، 2قېنان، ماھالالئېل، ەرەد، 3خانوك، مىتۇشەلاخ، لەمەك ۋە نۇھ.

4نۇھنىڭ سام، ھام ۋە يەفەت ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى بار ئىدى.

يەفەتتىن كېلىپ چىققان خەلقلەر

5يەفەتنىڭ ئوغۇللىرى: گومەر، مەجۈج، ماداي، ياۋان، تۇبال، مەشەك ۋە تىراس.

6گومەرنىڭ ئەۋلادلىرى: ئاشكىناز، رىفات ۋە توگارما.

7ياۋاننىڭ ئەۋلادلىرى: ئەلىشا، تارشىش، كىتتىم ۋە رودانىم.

ھامدىن كېلىپ چىققان خەلقلەر

8ھامنىڭ ئەۋلادلىرى: كۇش، مىسىر، پۇت ۋە كەنئان.

9كۇشنىڭ ئەۋلادلىرى: سىبا، خاۋىلا، سابتا، راماھ ۋە سابتىكا. راماھنىڭ ئەۋلادلىرى: شىبا ۋە دىدان. 10كۇشنىڭ نىمرود ئىسىملىك بىر ئوغلى بولۇپ، ئۇ يەر يۈزىدىكى بىرىنچى باتۇر ھېسابلىناتتى.

11مىسىرنىڭ ئەۋلادلىرى: لۇدلار، ئاناملار، لىھابلار، نافتۇخلار، 12پاترۇسلار، كاسلۇخلار ۋە كافتورلار. فىلىستىيەلىكلەر بولسا كاسلۇخلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى ئىدى.

13كەنئاننىڭ تۇنجى ئوغلى سىدون بولۇپ، ئۇ سىدونلارنىڭ ئەجدادىدۇر. كەنئان يەنە خىتلارنىڭ ئەجدادىدۇر. 14كەنئاندىن يەنە يىبۇس، ئامور، گىرگاش، 15خىۋ، ئارقى، سىن، 16ئارۋاد، زىمار ۋە خاماتلارمۇ كېلىپ چىقتى.

سامدىن كېلىپ چىققان خەلقلەر

17سامنىڭ ئەۋلادلىرى: ئېلام، ئاسسۇر، ئارپاكشاد، لۇد ۋە ئاررام.

ئاررامنىڭ ئەۋلادلىرى: ئۇز، خۇل، گەتەر ۋە مەشەك.

18ئارپاكشاد شەلاخنىڭ ئاتىسى بولۇپ، شەلاخ بولسا ئېبەرنىڭ ئاتىسى ئىدى.

19ئېبەردىن ئىككى ئوغۇل تۆرەلدى. بىرىنىڭ ئىسمى پەلەگ ئىدى. ئۇ ياشىغان دەۋردە ئىنسانلار بۆلۈنۈشكە باشلىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا پەلەگ* دېگەن بۇ ئىسىم قۇيۇلغان ئىدى. ئۇنىڭ ئىنىسىنىڭ ئىسمى يوقتان ئىدى.

20يوقتاننىڭ ئەۋلادلىرى: ئالموداد، شەلەف، خازارماۋەت، يەراھ 21ھادورام، ئۇزال، ىقلاھ 22ئېبال، ئابىمائېل، شىبا 23ئوفىر، خاۋىلا ۋە يوباب. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى يوقتاننىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى.

24سامدىن ئىبرامغىچە بولغان ئەۋلادلار تۆۋەندىكىچە: سام، ئارپاكشاد، شەلاخ، 25ئېبەر، پەلەگ، رىئۇ، 26سىرۇگ، ناخور، تەراھ 27ۋە ئىبرام، يەنى ئىبراھىم.

ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرى

28ئىبراھىمنىڭ ئوغۇللىرى ئىسھاق ۋە ئىسمائىلدۇر. 29ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە:

ئىسمائىلنىڭ تۇنجى ئوغلى نىبايوت، كېيىنكى ئوغۇللىرى: قېدار، ئادبىئېل، مىبسام، 30مىشما، دۇماھ، ماسا، خاداد، تەما، 31يىتۇر، نافىش ۋە قېدىماھ. مانا بۇلار ئىسمائىلنىڭ ئوغۇللىرىدۇر.

32ئىبراھىمنىڭ توقىلى قىتۇرا ئۇنىڭغا زىمران، يوقشان، مىدان، مىديان، يىشباق ۋە شۇۋاخ قاتارلىق ئوغۇللارنى تۇغۇپ بەرگەن بولۇپ، يوقشاننىڭ شىبا ۋە دىدان ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. 33مىدياننىڭ ئېفاھ، ئېفەر، خانوك، ئابىدا ۋە ئەلدائا قاتارلىق ئوغۇللىرى بار ئىدى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى قىتۇرانىڭ ئەۋلادلىرىدۇر.

34ئىبراھىم ئىسھاقنىڭ ئاتىسىدۇر، ئىسھاقنىڭ ئەساۋ ۋە ئىسرائىل ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.

ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرى

35ئەساۋنىڭ ئوغۇللىرى: ئەلىفاز، رىئۇئېل، يىئۇش، يالام ۋە كوراھ.

36ئەلىفازنىڭ ئوغۇللىرى: تېمان، ئومار، زىفو، گاتام، قېناز ۋە ئۇنىڭ تىمنا ئىسىملىك ئايالىدىن بولغان ئوغلى ئامالەك.

37رىئۇئېلنىڭ ئوغۇللىرى: ناخات، زەراخ، شامماھ ۋە مىززاھ.

ئىدومدىكى سەئىرنىڭ ئەۋلادلىرى

38سەئىرنىڭ ئەۋلادلىرى: لوتان، شوبال، زىبئون، ئاناھ، دىشون، ئېزېر ۋە دىشان.

39لوتاننىڭ ئەۋلادلىرى: خورى ۋە ھومام. يەنە لوتاننىڭ سىڭلىسى تىمنامۇ بار.

40شوبالنىڭ ئەۋلادلىرى: ئاليان، ماناخات، ئېبال، شىفو ۋە ئونام.

زىبىئوننىڭ ئەۋلادلىرى: ئايياھ ۋە ئاناھ.

41ئاناھنىڭ ئوغلى: دىشون.

دىشوننىڭ ئەۋلادلىرى: خامران، ئەشبان، يىتران ۋە كىران.

42ئېزېرنىڭ ئەۋلادلىرى: بىلھان، زائاۋان ۋە يائاقان. دىشاننىڭ ئەۋلادلىرى: ئۇز ۋە ئاران.

ئىدوم پادىشاھلىرى ۋە يولباشچىلىرى

43ئىسرائىللارنىڭ تېخى ئۆز پادىشاھى بولماستا، ئىدوملۇقلارنىڭ پادىشاھى بار بولغان بولۇپ، بىئورنىڭ ئوغلى بەلا ئۇلارغا پادىشاھ ئىدى، ئۇ دىنھابا دېگەن شەھەردە تۇراتتى.

44بەلا ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئورنىغا زەراخنىڭ ئوغلى بوزرالىق يوباب چىقتى.

45يوباب ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئورنىغا تېمان رايونىدىن كەلگەن خۇشام چىقتى.

46خۇشام ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئورنىغا بىدادنىڭ ئوغلى ھاداد چىقتى. ئۇ مىديانلارنى موئاب زېمىنىدا تارمار قىلغانىدى. ئۇ تۇرغان شەھەرنىڭ ئىسمى ئاۋىت ئىدى.

47ھاداد ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئورنىغا ماسرېقالىق ساملاھ چىقتى.

48ساملاھ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئورنىغا فىرات دەرياسى بويىغا جايلاشقان رىھوبوت شەھىرىدىن كەلگەن شائۇل چىقتى.

49شائۇل ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئورنىغا ئاكبورنىڭ ئوغلى بائال-خانان چىقتى.

50بائال-خانان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئورنىغا ھاداد چىقتى. ئۇ تۇرغان شەھەرنىڭ ئىسمى پائۇ ئىدى. ئۇنىڭ ئايالى مىھېتابىئېل ماترېدنىڭ قىزى بولۇپ، بوۋىسىنىڭ ئىسمى مىزاھاب ئىدى. 51ئاخىرىدا ھادادمۇ ئالەمدىن ئۆتتى.

ئىدوملۇقلارنىڭ يولباشچىلىرى تۆۋەندىكىچە: تىمنا، ئالۋاھ، يىتېت، 52ئوھولىباما، ئەلاھ، پىنون، 53قېناز، تېمان، مىبزار، 54ماگدىئېل ۋە ئىرام. مانا بۇلار ئىدوملۇقلارنىڭ يولباشچىلىرىدۇر.



*19ئىبرانىي تىلىدا «پەلەگ» دېگەن سۆز ئاھاڭ جەھەتتە بۆلۈنۈش دېگەن مەنىدىكى سۆزگە يېقىن بولدى.


 

2

ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرى

1ئىسرائىلنىڭ* ئوغۇللىرى تۆۋەندىكىچە: رۇبېن، شىمون، لاۋىي، يەھۇدا، ئىسساكار، زەبۇلۇن، 2دان، يۈسۈپ، بىنيامىن، نافتالى، گاد ۋە ئاشېر.

يەھۇدانىڭ ئوغۇللىرى

3يەھۇدانىڭ ئېر، ئونان ۋە شېلاھ ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى بولۇپ، بۇ ئۈچ ئوغۇلنى ئۇنىڭغا كەنئانلىق ئايالى باتشۇۋا تۇغۇپ بەرگەنىدى. يەھۇدانىڭ تۇنجى ئوغلى ئېر پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل ئادەم بولغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ جېنىنى ئالدى. 4يەھۇدانىڭ كېلىنى تامارمۇ ئۇنىڭغا پەرەس ۋە زەراخ ئىسىملىك ئىككى ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. يەھۇدانىڭ جەمئىي بەش ئوغلى بار ئىدى.

5پەرەسنىڭ خەزرون ۋە خامۇل ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.

6زەراخنىڭ بەش ئوغلى بولۇپ، ئۇلار زىمرى، ئېتان، ھېمان، كالكول ۋە دارا ئىدى.

7كارمى دېگەن ئادەمنىڭ ئاكان [مەنىسى «كۈلپەت»] ئىسىملىك بىر ئوغلى بار ئىدى. ئاكان پەرۋەردىگارغا ئاتالغان نەرسىلەرنىڭ بىر قىسمىنى ئېلىۋېلىپ، ئىسرائىل خەلقىگە كۈلپەت كەلتۈرگەنىدى.

8ئېتاننىڭ ئوغلى ئازاريا ئىدى.

يەھۇدانىڭ نەۋرىسى خەزروندىن داۋۇتقىچە بولغان ئەۋلادلار

9خەزروننىڭ يىراخمىئېل، رام ۋە كالىب ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.

10رامدىن ئاممىناداب تۆرەلدى، ئاممىناداب يەھۇدا خەلقنىڭ يولباشچىسى ناخشوننىڭ ئاتىسى ئىدى.

11ناخشوندىن سالما تۆرەلدى، سالمادىن بوئاز تۆرەلدى،

12بوئازدىن ئوبېد تۆرەلدى، ئوبېدتىن يىشاي تۆرەلدى.

13يىشاينىڭ يەتتە ئوغلى بولۇپ، تۇنجى ئوغلى ئەلىئاب، ئىككىنچىسى ئابىناداب، ئۈچىنچىسى شىمئا، 14تۆتىنچىسى نىتانئېل، بەشىنچىسى رادداي، 15ئالتىنچىسى ئوزېم، يەتتىنچىسى داۋۇت ئىدى. 16ئۇلارنىڭ يەنە زىرۇيا ۋە ئابىگال ئىسىملىك سىڭىللىرى بار ئىدى. زىرۇيانىڭ ئۈچ ئوغلى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى ئابىشاي، يوئاب ۋە ئاسائېل ئىدى. 17ئابىگال ئىسمائىل خەلقىدىن بولغان يەتەرگە ياتلىق بولۇپ، ئاماسانى تۇغدى.

خەزروننىڭ باشقا ئەۋلادلىرى

18خەزروننىڭ ئوغلى كالىبنىڭ ئازۇبا ۋە يىرىئوت ئىسىملىك ئاياللىرى بار ئىدى. ئازۇبادىن يېشەر، شوباب ۋە ئاردون ئىسىملىك ئوغۇللار تۆرەلدى. 19ئازۇبا ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، كالىب ئەفراتاغا ئۆيلەندى. ئەفراتا ئۇنىڭغا خۇرنى تۇغۇپ بەردى. 20خۇردىن ئۇرى تۆرەلدى، ئۇرىدىن بىزالئېل تۆرەلدى.

21خەزرون ئاتمىش ياشقا كىرگەندە، ماكىرنىڭ قىزى، يەنى گىلئادنىڭ سىڭلىسىغا ئۆيلىنىپ، ئۇنىڭدىن سىگۇب ئىسىملىك بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆردى. 22سىگۇبتىن يائىر تۆرەلدى. ئۇ گىلئادتىكى يىگىرمە ئۈچ شەھەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 23كېيىن گىشۇر ۋە ئاررام خەلقى يائىر شەھىرىنى، شۇنداقلا قېنات شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاتمىش يېزىنى ئىشغال قىلدى. بۇ يەرلەردە ياشاۋاتقان خەلق گىلئادنىڭ ئاتىسى ماكىرنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى.

24خەزرون كالىب-ئەفراتا شەھىرىدە ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئېغىر ئاياغ ئايالى ئابىيا ئاشخۇر ئىسىملىك بىر ئوغۇل تۇغدى. ئاشخۇر تىقوۋا شەھىرىنى بىنا قىلدى.

خەزروننىڭ ئوغلى يىراخمىئېلنىڭ ئەۋلادلىرى

25خەزروننىڭ تۇنجى ئوغلى يىراخمىئېلدىن تۆرەلگەن ئوغۇللار: تۇنجى ئوغلى رام، بۇناھ، ئورەن، ئوزېم ۋە ئاخىيا. 26يىراخمىئېلنىڭ ئاتارا ئىسىملىك يەنە بىر ئايالى بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئونام تۇغۇلدى.

27يىراخمىئېلنىڭ تۇنجى ئوغلى رامدىن مائاز، يامىن ۋە ئېقەر تۆرەلدى.

28ئونامنىڭ شامماي ۋە يادا ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.

شامماي ناداب ۋە ئابىشۇر ئىسىملىك ئوغۇل پەرزەنتلەرنى كۆردى.

29ئابىشۇرنىڭ ئابىھايىل ئىسىملىك ئايالى بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئاخبان ۋە مولىد ئىسىملىك ئوغۇللار تۇغۇلدى.

30نادابنىڭ سەلەد ۋە ئاپپايىم ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. سەلەد پەرزەنت كۆرمەي ئالەمدىن ئۆتتى. 31ئاپپايىم يىشئىنىڭ ئاتىسى، يىشئى شېشاننىڭ ئاتىسى، شېشان ئاخلاينىڭ ئاتىسى ئىدى.

32شامماينىڭ ئىنىسى يادانىڭ يەتەر ۋە يوناتان ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. يەتەر پەرزەنت كۆرمەي ئالەمدىن ئۆتتى. 33يوناتاننىڭ پەلەت ۋە زازا ئىسىملىك ئىككى ئوغلى بار ئىدى.

مانا شۇلارنىڭ ھەممىسى يىراخمىئېلنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر.

34شېشاننىڭ ئوغلى يوق، پەقەت قىزلىرى بار ئىدى. شېشاننىڭ يەنە يارخا ئىسىملىك بىر مىسىرلىق قۇلى بار ئىدى. 35شېشان قىزىنى قۇلى يارخاغا ياتلىق قىلدى. ئۇلار ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپ، ئىسمىنى ئاتتاي قويۇشتى.

36ئاتتايدىن ناتان تۆرەلدى،

ناتاندىن زاباد تۆرەلدى،

37زابادتىن ئەفلال تۆرەلدى،

ئەفلالدىن ئوبېد تۆرەلدى،

38ئوبېدتىن يېھۇ تۆرەلدى،

يېھۇدىن ئازاريا تۆرەلدى،

39ئازاريادىن خەلەز تۆرەلدى،

خەلەزدىن ئەلئاسا تۆرەلدى،

40ئەلئاسادىن سىسماي تۆرەلدى،

سىسمايدىن شاللۇم تۆرەلدى،

41شاللۇمدىن يىقاميا تۆرەلدى،

يىقاميادىن ئەلىشاما تۆرەلدى.

خەزروننىڭ ئوغلى كالىبنىڭ ئەۋلادلىرى

42يىراخمىئېلنىڭ ئاكىسى كالىبنىڭ ئىككى ئوغلى بولۇپ، تۇنجىسىنىڭ ئىسمى مېشا، كەنجىسىنىڭ ئىسمى مارېشا ئىدى. مېشادىن زىف تۆرەلدى، مارېشادىن ھىبرون تۆرەلدى.

43ھىبرون كوراھ، تاپپۇۋاخ، رەقەم ۋە شەما ئىسىملىك ئوغۇللارنى كۆردى. 44شەمادىن راخام تۆرەلدى، راخامدىن يورقوئام تۆرەلدى. رەقەمدىن شامماي تۆرەلدى. 45شاممايدىن مائون تۆرەلدى، مائوندىن بەيتزۇر تۆرەلدى.

46كالىبنىڭ ئېفاھ ئىسىملىك توقىلى ئۇنىڭغا ھاران، موزا ۋە گازېزنى تۇغۇپ بەردى. ھاراندىن گازېز تۆرەلدى.

47ئېفاھنىڭ ئاتىسى يوداينىڭ يەنە رەگېم، يوتەم، گېشان، پەلەت ۋە شائاف ئىسىملىك ئوغۇللىرىمۇ بار ئىدى.

48كالىبنىڭ مائاكا ئىسىملىك يەنە بىر توقىلى ئۇنىڭغا شەبەر ۋە تىرخانا ئىسىملىك ئوغۇللارنى تۇغۇپ بەردى. 49كېيىن ئۇ يەنە شائاف ۋە شىۋا ئىسىملىك ئىككى ئوغۇل تۇغدى. شائاف مادماننا شەھىرىگە، شىۋا ماكبېنا ۋە گىبئا شەھىرىگە ئاساس سالدى. كالىبنىڭ ئاكساھ ئىسىملىك يەنە بىر قىزىمۇ بار ئىدى.

50مانا بۇلار كالىبنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر.

كالىبنىڭ ئوغلى خۇرنىڭ ئەۋلادلىرى

كالىبنىڭ ئايالى ئەفراتادىن تۇغۇلغان تۇنجى ئوغلى خۇر ئۈچ ئوغۇل كۆردى. بىرىنچىسىنىڭ ئىسمى شوبال بولۇپ، ئۇ قىريات-يىئارىم شەھىرىگە ئاساس سالدى. 51ئىككىنچىسىنىڭ ئىسمى سالما بولۇپ، ئۇ بەيتلەھەم شەھىرىگە ئاساس سالدى. ئۈچىنچىسىنىڭ ئىسمى خارېف بولۇپ، ئۇ بەيت-گادېر شەھىرىگە ئاساس سالدى.

52‏-53قىريات-يىئارىم شەھىرىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى شوبال بولۇپ، قىريات-يىئارىم شەھىرىدىكىلەر، ھاروئەلەر ۋە ماناخات شەھىرىنىڭ يېرىم ئاھالىسى ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى. قىريات-يىئارىم شەھىرىنىڭ ئاھالىسى يىترى جەمەتى، پۇتى جەمەتى، شۇما جەمەتى ۋە مىشرا جەمەتىدىن تەشكىل تاپقانىدى. زورئاھ ۋە ئەشتائول خەلقىمۇ شۇ جەمەتلەردىن كېلىپ چىققانىدى.

54سالمانىڭ ئەۋلادلىرى: بەيتلەھەملىكلەر، نىتوفالار، ئاتروت-بەيتيوئابلار، ماناخاتلىقلارنىڭ يېرىمى ۋە زورئاھلار. 55يابېز شەھىرىدە ياشىغان تىرا، شىما ۋە سۇكا ئىسىملىك پۈتۈكچىلەرنىڭ جەمەتلىرىمۇ سالما ئەۋلادلىرىدىن كېلىپ چىققانىدى. ئۇلار خامماتتىن بولغان قېنلار بولۇپ، خاممات رېكابنىڭ ئەجدادى ئىدى.



*1ئىسرائىلنىڭ ئەسلى ئىسمى ياقۇپ بولۇپ، ئۇ ئىسھاقنىڭ ئوغلىدۇر.


 

3

داۋۇت پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرى

1داۋۇتنىڭ ھىبروندا تۇغۇلغان ئوغۇللىرى تۆۋەندىكىلەر:

تۇنجىسى يىزرىئەللىك ئاخىنوئامدىن تۇغۇلغان ئامنون،

ئىككىنچىسى كارمەللىك ئابىگالدىن تۇغۇلغان دانىيال،

2ئۈچىنچىسى گىشۇرنىڭ پادىشاھى تالماينىڭ قىزى مائاكادىن تۇغۇلغان ئابسالوم،

تۆتىنچىسى خاگگىتتىن تۇغۇلغان ئادونىيا،

3بەشىنچىسى ئابىتالدىن تۇغۇلغان شىفاتيا،

ئالتىنچىسى داۋۇتنىڭ يەنە بىر ئايالى ئەگلاھتىن تۇغۇلغان يىترىئامدۇر.

4داۋۇت ھىبروندا يۇقىرىدىكى ئالتە پەرزەنتنى كۆردى. ئۇ ھىبروندا يەتتە يېرىم يىل، يېرۇسالېمدا ئوتتۇز ئۈچ يىل پادىشاھ بولدى.

5داۋۇتنىڭ يېرۇسالېمدا تۇغۇلغان ئوغۇللىرى تۆۋەندىكىلەر: شىمئا، شوباب، ناتان ۋە سۇلايمان. بۇ تۆت ئوغۇل ئاممىئېلنىڭ قىزى باتشەبادىن تۇغۇلغان. 6ئۇلاردىن باشقا داۋۇتنىڭ يەنە توققۇز ئوغلى بولۇپ، ئۇلار يىبخار، ئەلىشۇۋا، ئەلىفەلەت، 7نوگاھ، نەفەگ، يافىيا، 8ئەلىشاما، ئەليادا ۋە ئەلىفەلەتلەر ئىدى.

9داۋۇت بۇ ئوغۇللاردىن باشقا توقاللىرىدىنمۇ ئوغۇللارنى كۆرگەنىدى. ئۇنىڭ يەنە تامار ئىسىملىك قىزىمۇ بار ئىدى.

سۇلايمان پادىشاھنىڭ ئەۋلادلىرى

10سۇلايماننىڭ ئەۋلادلىرىدىن چىققان پادىشاھلار تۆۋەندىكىلەر: رىخوبئام، ئابىيا، ئاسا، يىھوشافات، 11يىھورام، ئاخازيا، يوئاش، 12ئامازيا، ئازاريا، يوتەم، 13ئاخاز، خىزكىيا، ماناسسە، 14ئامون ۋە يوشىيا.

15يوشىيانىڭ ئوغۇللىرى: تۇنجى ئوغلى يوخانان، ئىككىنچى ئوغلى يىھوياقىم، ئۈچىنچى ئوغلى زىدقىيا ۋە تۆتىنچى ئوغلى شاللۇم.

16يىھوياقىمغا ۋارسلىق قىلغۇچىلار: ئوغلى يىھوياكىن ۋە يىھوياقىمنىڭ ئىنىسى زىدقىيا.

پادىشاھ يىھوياكىننىڭ ئەۋلادلىرى

17بابىلغا ئەسىر ئېلىپ كېتىلگەن پادىشاھ يىھوياكىننىڭ ئەۋلادلىرى: شىئالتېل، 18مالكىرام، پىدايا، شەنئاززار، يىقاميا، ھوشاما ۋە نىدابىيا.

19پىدايانىڭ ئوغۇللىرى: زىرۇببابەل ۋە شىمئى.

زىرۇببابەلنىڭ مىشۇللام، خانانيا ئىسىملىك ئوغۇللىرى ۋە شىلومىت ئىسىملىك بىر قىزى بار ئىدى. 20ئۇلاردىن باشقا زىرۇببابەلنىڭ يەنە خاشۇبا، ئوھەل، بەرەكيا، خاساديا ۋە يۇشاب-خەسەد ئىسىملىك بەش ئوغلى بار ئىدى.

21خانانيانىڭ پىلاتيا ۋە يىشايا ئىسىملىك ئوغۇللىرى بولۇپ، يىشايادىن رىفايا تۆرەلدى، رىفايادىن ئارنان، ئارناندىن ئوبادىيا، ئوبادىيادىن شىكانيا تۆرەلدى.

22شىكانيانىڭ ئەۋلادلىرى: ئوغلى شىمايا. شىمايانىڭ خاتتۇش، يىگال، بارىياخ، نىئاريا ۋە شافات ئىبارەت ئالتە ئوغلى بار ئىدى.

23نىئاريانىڭ ئەليوئېناي، خىزكىيا ۋە ئازرىقام ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى بار ئىدى.

24ئەليوئېناينىڭ ھوداۋيا، ئەلياشىب، پىلايا، ئاققۇب، يوخانان، دىلايا ۋە ئانانى ئىسىملىك يەتتە ئوغلى بار ئىدى.

4

يەھۇدانىڭ ئەۋلادلىرى

1يەھۇدانىڭ پەرەس، خەزرون، كارمى، خۇر ۋە شوبال ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. 2شوبالنىڭ ئوغلى رىئايادىن ياخات تۆرەلدى. ياخاتتىن ئاخۇماي ۋە لاھاد تۆرەلدى. بۇلار زورئاھلارنىڭ ئەجدادلىرىدۇر.

3‏-4كالىب ئايالى ئەفراتادىن خۇر ئىسىملىك تۇنجى ئوغلىنى كۆردى. خۇرنىڭ ئەۋلادلىرى بەيتلەھەم شەھىرىگە ئاساس سالغۇچىلار ئىدى. خۇرنىڭ ئېتام، پىنۇئېل ۋە ئەزەر ئىسىملىك ئوغۇللىرى بولۇپ، ئېتامنىڭ يىزرىئەل، يىشما ۋە يىدباش ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى ۋە ھازلەلپونى ئىسىملىك بىر قىزى بار ئىدى. پىنۇئېل گىدور شەھىرىگە، ئەزەر بولسا خۇشاھ شەھىرىگە ئاساس سالغان ئىدى.

5تىقوۋا شەھىرىگە ئاساس سالغان ئاشخۇرنىڭ خەلئاھ ۋە نائارا ئىسىملىك ئىككى ئايالى بار ئىدى. 6ئاشخۇر ئايالى نائارادىن ئاخۇززام، خېفەر، تېمىنى ۋە ھائاخاشتارى ئىسىملىك ئوغۇللارنى كۆردى. 7ئايالى خەلئاھتىن زەرەت، زوخار، ئەتنان 8ۋە قوز تۇغۇلدى. قوزنىڭ ئانۇب ۋە ھاززوبېبا ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. خاققوز ھارۇمنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئاخارخېل جەمەتىنىڭ ئەجدادى ئىدى.

9يابېز [مەنىسى «ئازاب»] ئىسىملىك بىر ئادەم قېرىنداشلىرىغا قارىغاندا كۆپ ئابرۇيلۇق ئىدى. ئانىسى ئۇنى: «بەك جاپا چېكىپ تۇغقانمەن» دەپ ئىسمىنى يابېز قويغانىدى. 10يابېز ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا: «ئى خۇدا، مېنى بەختلىك قىلىپ، زېمىنىمنى كېڭەيتىپ بەرگەيسەن، ماڭا يار-يۆلەكتە بولۇپ، مېنى مۈشكۈلات ۋە ئازابلاردىن يىراق قىلغايسەن» دەپ دۇئا قىلغانىدى. خۇدا ئۇنىڭ ئىلتىجالىرىنى بەجا كەلتۈردى.

11شۇخاھنىڭ ئاكىسى كىلۇبدىن مىخىر تۆرەلدى. مىخىردىن ئەشتون تۆرەلدى. 12ئەشتوندىن بەيت-رافا، پاسېياخ ۋە تىخىننا تۆرەلدى. تىخىننا ئىرناخاش شەھىرىنى بىنا قىلدى. ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى رېكاھتا ياشايتتى.

13قېنازنىڭ ئوتنىئېل ۋە سىرايا ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. ئوتنىئېلنىڭ بولسا، خاتات ۋە مىئونوتاي ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. 14مىئونوتايدىن ئوفراھ تۆرەلدى. سىرايادىن يوئاب تۆرەلدى. يوئاب ھۈنەرۋەنلەر جىلغىسىغا ئاساس سالدى. ئۇ يەردە ياشىغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ھۈنەرۋەن ئىدى.

15يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىب ئۈچ ئوغۇل پەرزەنت كۆردى. ئۇلار ئىرۇ، ئەلاھ ۋە نائام ئىدى. ئېلاھتىن قېناز تۆرەلدى.

16يىھالەلەلنىڭ زىف، زىفاھ، تىرىيا ۋە ئاسارئېل ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.

17‏-18ئەزراھنىڭ يەتەر، مەرەد، ئېفەر ۋە يالون ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. مەرەد پىرئەۋننىڭ قىزى بىتياھقا ئۆيلىنىپ ئۇنىڭدىن مەريەم ئىسىملىك بىر قىز ۋە شامماي، يىشباخ ئىسىملىك ئىككى ئوغۇل پەرزەنت كۆردى. يىشباخ ئەشتىموۋا شەھىرىگە ئاساس سالدى. مەرەد يەنە يەھۇدا قەبىلىسىدىن بىر ئايال ئالدى. بۇ ئايالدىن ئۇ ئۈچ ئوغۇل، يەنى گىدور شەھىرىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى يەرەد، سوكوھ شەھىرىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى خەبەر ۋە زانوۋاخ شەھىرىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى يىقۇتىئەلنى كۆردى.

19ھودىيا ناخامنىڭ سىڭلىسىغا ئۆيلەندى، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى گارمىلىق قىيلاھنىڭ ۋە مائاكالىق ئەشتىموۋانىڭ ئاتىسى ئىدى.

20شىموننىڭ ئامنون، رىنناھ، بەنخانان ۋە تىلون ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.

يىشئىنىڭ زوخېت ۋە بەنزوخېت ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.

21يەھۇدانىڭ يەنە شېلاھ ئىسىملىك بىر ئوغلى بار ئىدى. شېلاھنىڭ ئەۋلادلىرى:

لېكاھ شەھىرىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى ئېر، مارېشا شەھىرىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى لادا، بەيت-ئاشبېيا شەھىرىدە ياشايدىغان كەندىر توقۇغۇچىلارنىڭ جەمەتلىرى، 22يوقىم، يوئاش، ساراف ۋە كوزېبا شەھىرىنىڭ ئاھالىسى. يوئاش ۋە ساراف موئاب شەھىرىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، ئاندىن لەھەم شەھىرىگە قايتىپ بارغان. بۇ مەلۇماتلار قەدىمكى يازمىلاردىن ئېلىندى. 23بۇ جەمەتتىكىلەر نىتائىم ۋە گىدېرا شەھەرلىرىدە ياشايدىغان ساپال ئۇستىلىرى بولۇپ، ئۇلار پادىشاھقا خىزمەت قىلاتتى.

شىموننىڭ ئەۋلادلىرى

24شىموننىڭ نىمۇئېل، يامىن، يارىب، زەراخ ۋە شائۇل ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.

25شائۇلنىڭ ئوغلى شاللۇم، شاللۇمنىڭ ئوغلى مىبسام، مىبسامنىڭ ئوغلى مىشما ئىدى.

26مىشمانىڭ ئوغلى خاممۇئېل، خاممۇئېلنىڭ ئوغلى زاككۇر، زاككۇرنىڭ ئوغلى شىمئى ئىدى.

27شىمئى ئون ئالتە ئوغۇل ۋە ئالتە قىز پەرزەنت كۆردى. لېكىن ئۇنىڭ ئاكا-ئىنىلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى كەم بولغانلىقى ئۈچۈن، شىمون قەبىلىسى يەھۇدا قەبىلىسىدەك كۆپەيمىدى.

28شىموننىڭ ئەۋلادلىرى بەئەرشەبا، مولادا، خازار-شۇئال، 29بىلھاھ، ئەزەم، تولاد، 30بەيتۇئېل، خورماھ، زىقلاق، 31بەيت-ماركابوت، خازار-سۇسىم، بەيت-بىرى ۋە شائارايىم شەھەرلىرىدە ياشايتتى. داۋۇت پادىشاھ بولغانغا قەدەر، مانا شۇ شەھەرلەر شىموننىڭ ئەۋلادلىرىغا قاراشلىق ئىدى. 32ئۇلار يەنە ئېتام، ئايىن، رىممون، توكەن ۋە ئاشان دېگەن بەش شەھەردىمۇ ياشىدى. 33غەرب جەنۇبتىكى بائالات شەھىرىگىچە سوزۇلغان بۇ شەھەرلەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ھەممە يېزىلار شىموننىڭ ئەۋلادلىرىغا قاراشلىق ئىدى. ئۇلار شۇ جايدا ياشاپ، ئۆز نەسەبنامىسىنى يېزىپ قويغانىدى.

34تۆۋەندىكىلەر شىمون ئەۋلادلىرىنىڭ جەمەت باشلىقلىرى ئىدى: مىشوباب، ياملېك، ئامازيانىڭ ئوغلى يوشاھ، 35يوئېل ۋە يېھۇ (يېھۇ يوشىبيانىڭ ئوغلى، يوشىبيا سىرايانىڭ ئوغلى، سىرايا ئاسىئېلنىڭ ئوغلىدۇر). 36يەنە ئەليوئېناي، يائاقوبا، يىشوخايا، ئاسايا، ئادىئېل، يىسىمىئېل، بىنايا ۋە 37زىزا (زىزا شىفىنىڭ ئوغلى، شىفى ئاللوننىڭ ئوغلى، ئاللون يىدايانىڭ ئوغلى، يىدايا شىمرىنىڭ ئوغلى، شىمرى شىمايانىڭ ئوغلى ئىدى).

38بۇلار شىمون ئەۋلادلىرىنىڭ جەمەت باشلىقلىرى ئىدى. ئۇلارنىڭ جەمەتلىرى كۆپىيىپ كەتكەچكە، 39مال-چارۋىلىرىغا ئوتلاق ئىزدەپ، جىلغىنىڭ شەرقىي چېتىگە جايلاشقان گىدور شەھىرىگىچە باردى. 40ئۇلار بۇ يەردىن ئوت-چۆپلىرى مول، كەڭرى، تىنچ ۋە خىلۋەت بىر جاينى تاپتى. بۇ جاي بۇرۇن ھام ئەۋلادلىرىغا قاراشلىق جاي ئىدى.

41يەھۇدىيە پادىشاھى خىزكىيا ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە يۇقىرىدا ئىسىملىرى خاتىرىلەنگەن شىموننىڭ ئەۋلادلىرى ھام ئەۋلادلىرىنىڭ تۇرالغۇلىرىغا ۋە ئۇلار بىلەن بىللە ياشاۋاتقان مىئۇنىم خەلقىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى تەلتۆكۈس يوقاتتى. شۇڭا ئۇلاردىن ھازىرغىچە بىرمۇ ئادەم يوق. ئۇ يەردە قوي-كالىلىرىغا يايلاقلار بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ئۇ يەرلەرنى ئىگىلىۋالغانىدى. 42شىمون ئەۋلادلىرىدىن يەنە بەش يۈز كىشى يىشئىنىڭ پىلاتيا، نىئاريا، رىفايا ۋە ئۇززىئېل ئىسىملىك ئوغۇللىرىنىڭ باشچىلىقىدا سەئىر تاغلىرىغا بېرىپ، 43ئامالەك ئەۋلادلىرىنىڭ قالغانلىرىنى قىرىپ تاشلىدى. شىموننىڭ ئەۋلادلىرى ھازىرغىچە شۇ جايلاردا ياشاپ كەلمەكتە.

5

رۇبېننىڭ ئەۋلادلىرى

1رۇبېن ئىسرائىلنىڭ تۇنجى ئوغلى ئىدى. لېكىن ئۇ ئاتىسىنىڭ توقىلىنىڭ بىرىگە چېقىلىپ قويغانلىقى ئۈچۈن، تۇنجى ئوغۇللۇق مىراس ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، بۇ ھوقۇق ئۇنىڭ ئىنىسى يۈسۈپنىڭ ئوغۇللىرىغا بېرىلگەنىدى. شۇ سەۋەبتىن رۇبېن نەسەبنامىدا تۇنجى ئوغۇل، دەپ خاتىرىلەنمىگەن. 2يەھۇدا ئاكا-ئىنىلىرى ئارىسىدا ئەڭ كۈچلۈك بولۇپ، ئۇنىڭ قەبىلىسىدىن بىر ھۆكۈمران چىققان بولسىمۇ، لېكىن تۇنجى ئوغۇللۇق مىراس ھوقۇقى يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرىغا تەۋە بولدى.

3ئىسرائىلنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبېننىڭ خانوك، پاللۇ، خەزرون ۋە كارمى ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.

4يوئېلنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: يوئېلنىڭ ئوغلى شىمايا، شىمايانىڭ ئوغلى گوگ، گوگنىڭ ئوغلى شىمئى، 5شىمئىنىڭ ئوغلى مىكاھ، مىكاھنىڭ ئوغلى رىئايا، رىئايانىڭ ئوغلى بائال ۋە 6بائالنىڭ ئوغلى بەئەراھ. ئاسسۇرىيە پادىشاھى تىلگات-پىلئەسەر بەئەراھنى ئەسىر ئېلىپ كەتكەنىدى. بەئەراھ رۇبېن قەبىلىسىنىڭ يولباشچىسى ئىدى.

7رۇبېن قەبىلىسىنىڭ تۆۋەندىكى جەمەت باشلىقلىرىمۇ نەسەبنامىدا خاتىرىلەنگەن: يولباشچى يىئىئېل، زىكىرىيا 8ۋە ئازازنىڭ ئوغلى بەلا. ئازاز شەمانىڭ ئوغلى، شەما يوئېلنىڭ ئوغلى ئىدى.

ئۇلار ئاروئېر شەھىرى ھەمدە شىمالدىكى نىبو ۋە بائال-مىئون شەھەرلىرىگىچە بولغان يەرلەردە ياشىدى. 9ئۇلارنىڭ گىلئاد زېمىنىدىكى مال-چارۋىلىرى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار يەنە شەرققە كېڭىيىپ فىرات دەرياسىنىڭ غەربىگىچە سوزۇلغان كەڭ دالانى ئىگىلىۋالدى.

10سائۇل پادىشاھنىڭ دەۋرىدە رۇبېننىڭ ئەۋلادلىرى ھاگرىلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىپ، ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدى ھەمدە گىلئادنىڭ شەرقىدىكى ھەممە زېمىنلىرىنى ئىگىلىۋالدى.

گادنىڭ ئەۋلادلىرى

11گاد قەبىلىسى رۇبېن قەبىلىسىنىڭ شىمالىغا يانداش بولغان باشان زېمىنىدا ياشىغانىدى. ئۇلارنىڭ زېمىنى شەرقتە سالكاھ شەھىرىگىچە سوزۇلغانىدى. 12يوئېل باشاننىڭ يولباشچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئوڭ قول ياردەمچىسى شافام ئىدى. ياناي ۋە شافاتلار شافامنىڭ ياردەمچىلىرى ئىدى.

13گاد قەبىلىسىدىكى قېرىنداشلار تۆۋەندىكى يەتتە جەمەتكە تەۋە ئىدى: مىكائىل، مىشۇللام، شىبا، يوراي، ياكان، زىيا ۋە ئېبەر. 14بۇلارنىڭ ھەممىسى ئابىخايىلنىڭ ئوغۇللىرىدۇر. ئابىخايىل خۇرىنىڭ ئوغلى، خۇرى ياروۋاخنىڭ ئوغلى، ياروۋاخ گىلئادنىڭ ئوغلى، گىلئاد مىكائىلنىڭ ئوغلى، مىكائىل يىشىشاينىڭ ئوغلى، يىشىشاي ياخدونىڭ ئوغلى، ياخدو بۇزنىڭ ئوغلى ئىدى. 15گۇنىنىڭ ئوغلى ئابدىيېل، ئابدىيېلنىڭ ئوغلى ئاخى بولۇپ، ئۇ جەمەت باشلىقى ئىدى.

16گاد قەبىلىسى گىلئاد، باشان ۋە ئۇ يەردىكى يېزىلاردا ھەمدە شاروندىكى پۈتۈن تۈزلەڭلىكلەردە ياشايتتى. 17بۇ خاتىرىلەرنىڭ ھەممىسى يەھۇدىيە پادىشاھى يوتەم ۋە ئىسرائىلىيە پادىشاھى ياروبئام II ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە نەسەبنامىغا كىرگۈزۈلگەنىدى.

ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى قەبىلىلەرنىڭ لەشكەرلىرى

18رۇبېن قەبىلىسى، گاد قەبىلىسى ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىنىڭ قالقان، قىلىچ ۋە ئوقيا بىلەن قوراللانغان، جەڭگە ياراملىق 44,760 نەپەر لەشكىرى بار ئىدى. 19ئۇلار ھاگرى، يىتۇر، نافىش ۋە نودابلارغا ھۇجۇم قىلدى. 20ئۇلار جەڭدە خۇدادىن مەدەت تىلىدى. خۇدا ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدى، ئۇلار ھاگرىلار بىلەن ئىتتىپاقداشلىرىنى مەغلۇپ قىلدى، چۈنكى ئۇلار خۇداغا ئىشەنگەنىدى. 21ئۇلار دۈشمەننىڭ چارۋىسىنى، يەنى 50 مىڭ تۆگە، 250 مىڭ قوي، ئىككى مىڭ ئېشەكىنى ئولجا ئالدى ۋە يۈز مىڭ ئادەمنى ئەسىر قىلدى. 22ئۇلار نۇرغۇن دۈشمەننى ئۆلتۈردى، چۈنكى بۇ جەڭ خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن بولغانىدى. رۇبېن، گاد قەبىلىسى ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمى تاكى سۈرگۈن قىلىنغانغا قەدەر شۇ يەرلەردە ياشىدى.

ئىئورداننىڭ شەرقىدىكى ماناسسە قەبىلىسىنىڭ يېرىمى

23ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمى بائال-خەرمون، سىنىر يەنى خەرمون تېغىغىچە بولغان باشان زېمىنلىرىدا ياشايتتى. ئۇلارنىڭ نوپۇسى ناھايىتى كۆپ ئىدى. 24ئۇلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرىنىڭ ئىسىملىرى تۆۋەندىكىچە: ئېفەر، يىشئى، ئەلىئېل، ئازرىئېل، يەرەمىيا، ھوداۋيا ۋە ياخدىئېل. ئۇلار باھادىر جەڭچىلەر بولۇپ، ئۆز جەمەتىنىڭ مەشھۇر يولباشچىلىرى ئىدى.

ئىئورداننىڭ شەرقىدىكى قەبىلىلەرنىڭ سۈرگۈن قىلىنىشى

25رۇبېن، گاد قەبىلىسى ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمى ئاتا-بوۋىلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ۋاپاسىزلىق قىلىپ، خۇدا ۋەيران قىلغان ئاشۇ يۇرتتىكى خەلقلەرنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇندى. 26شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئاسسۇرىيە پادىشاھى پۈلنى، يەنى تىلگات-پىلئەسەرنى رۇبېن ۋە گاد قەبىلىلىرىغا ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتتى. پادىشاھ پۈل ئۇلارنى خالاخ، خابور ۋە ھارا دېگەن يەرلەرگە ھەمدە گوزان دەرياسىنىڭ بويلىرىغا سۈرگۈن قىلىۋەتتى. ئۇلار تاكى ھازىرغىچە شۇ يەرلەردە ياشاپ كەلمەكتە.

6

لاۋىيلار

1لاۋىينىڭ ئوغۇللىرى گېرشون، قوھات ۋە مىرارى ئىدى.

2قوھاتنىڭ ئوغۇللىرى ئامرام، يىزھار، ھىبرون ۋە ئۇززىئېل ئىدى.

3ئامرامنىڭ بالىلىرى ھارۇن، مۇسا ۋە مەريەم ئىدى.

ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى ناداب، ئابىھۇ، ئەلئازار ۋە ئىتامار ئىدى.

4ئەلئازاردىن پىنىخاس تۆرەلدى،

پىنىخاستىن ئابىشۇۋا تۆرەلدى،

5ئابىشۇۋادىن بۇققى تۆرەلدى،

بۇققىدىن ئۇززى تۆرەلدى،

6ئۇززىدىن زىراخيا تۆرەلدى،

زىراخيادىن مىرايوت تۆرەلدى،

7مىرايوتتىن ئاماريا تۆرەلدى،

ئاماريادىن ئاخىتۇب تۆرەلدى،

8ئاخىتۇبتىن زادوق تۆرەلدى،

زادوقتىن ئاخىمائاس تۆرەلدى،

9ئاخىمائاستىن ئازاريا تۆرەلدى،

ئازاريادىن يوخانان تۆرەلدى،

10يوخاناندىن ئازاريا تۆرەلدى. (ئازاريا سۇلايمان پادىشاھ يېرۇسالېمدا قۇرغان ئىبادەتخانىدا روھانىي بولۇپ خىزمەت قىلغانىدى.)

11ئازاريادىن ئاماريا تۆرەلدى،

ئاماريادىن ئاخىتۇب تۆرەلدى،

12ئاخىتۇبتىن زادوق تۆرەلدى،

زادوقتىن شاللۇم تۆرەلدى،

13شاللۇمدىن خىلقىيا تۆرەلدى،

خىلقىيادىن ئازاريا تۆرەلدى،

14ئازاريادىن سىرايا تۆرەلدى،

سىرايادىن يىھوزاداق تۆرەلدى. 15پەرۋەردىگار پادىشاھ نىبۇكادنەزەر ئارقىلىق يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېم خەلقىنى سۈرگۈن قىلغاندا، يىھوزاداقمۇ سۈرگۈن قىلىنغانىدى.

لاۋىينىڭ باشقا ئەۋلادلىرى

16لاۋىينىڭ ئوغۇللىرى گېرشون، قوھات ۋە مىرارى ئىدى.

17گېرشوننىڭ ئوغۇللىرى لىبنى ۋە شىمئى ئىدى.

18قوھاتنىڭ ئوغۇللىرى ئامرام، يىزھار، ھىبرون ۋە ئۇززىئېل ئىدى.

19مىرارىنىڭ ئوغۇللىرى ماخلى ۋە مۇشى ئىدى.

ئاتا جەمەتىگە قاراپ خاتىرىلەنگەن لاۋىينىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت ئىدى.

20گېرشوننىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە: گېرشوننىڭ ئوغلى لىبنى، لىبنىنىڭ ئوغلى ياخات، ياخاتنىڭ ئوغلى زىمماھ، 21زىمماھنىڭ ئوغلى يوئاخ، يوئاخنىڭ ئوغلى ئىددو، ئىددونىڭ ئوغلى زەراخ، زەراخنىڭ ئوغلى يىئاتىراي.

22قوھاتنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە: قوھاتنىڭ ئوغلى ئاممىناداب، ئاممىنادابنىڭ ئوغلى كوراھ، كوراھنىڭ ئوغلى ئاسسىر، 23ئاسسىرنىڭ ئوغلى ئەلقانا، ئەلقانانىڭ ئوغلى ئەبياساف، ئەبياسافنىڭ ئوغلى ئاسسىر، 24ئاسسىرنىڭ ئوغلى تاخات، تاخاتنىڭ ئوغلى ئۇرىئېل، ئۇرىئېلنىڭ ئوغلى ئۇززىيا، ئۇززىيانىڭ ئوغلى شائۇل.

25ئەلقانانىڭ ئاماساي ۋە ئاخىموت ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. 26ئاخىموتنىڭ ئوغلى ئەلقانا، ئەلقانانىڭ ئوغلى زوفاي، زوفاينىڭ ئوغلى ناخات، 27ناخاتنىڭ ئوغلى ئەلىئاب، ئەلىئابنىڭ ئوغلى يىروخام، يىروخامنىڭ ئوغلى ئەلقانا، ئەلقانانىڭ ئوغلى سامۇئىل ئىدى.

28سامۇئىلنىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىدى، تۇنجىسىنىڭ ئىسمى يوئېل، ئىككىنچىسىنىڭ ئىسمى ئابىيا ئىدى.

29مىرارىنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە: مىرارىنىڭ ئوغلى ماخلى، ماخلىنىڭ ئوغلى لىبنى، لىبنىنىڭ ئوغلى شىمئى، شىمئىنىڭ ئوغلى ئۇززاھ، 30ئۇززاھنىڭ ئوغلى شىمئا، شىمئانىڭ ئوغلى خاگگىيا، خاگگىيانىڭ ئوغلى ئاسايا.

ئىبادەتخانىدىكى نەغمىچىلەر

31‏-32ئەھدە ساندۇقى پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرى دەپ ئاتالغان ئىبادەت چېدىرىغا يۆتكەپ كېلىنگەندىن كېيىن، داۋۇت ئۇ يەرگە نەغمىچىلەرنى يېتەكلەش خىزمىتىگە قويدى. سۇلايمان يېرۇسالېمدا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى بىنا قىلغانغا قەدەر، بۇ نەغمىچىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىدا ساز چېلىپ، مۇناجات ئوقۇدى. ئۇلار ئۆز خىزمىتىنى بېرىلگەن كۆرسەتمىلەر بويىچە ئادا قىلدى. 33ئۇ يەردە ئۆزىنىڭ ئوغۇللىرى بىلەن بىللە خىزمەت قىلغان نەغمىچىلەر تۆۋەندىكىچە:

قوھات جەمەتىدىن قوشاقچى ھېمان. ھېماننىڭ نەسەبنامىسى تۆۋەندىكىچە خاتىرىلەنگەنىدى.

ھېمان يوئېلنىڭ ئوغلى، يوئېل سامۇئىلنىڭ ئوغلى، 34سامۇئىل ئەلقانانىڭ ئوغلى، ئەلقانا يىروخامنىڭ ئوغلى، يىروخام ئەلىئېلنىڭ ئوغلى، ئەلىئېل توۋاخنىڭ ئوغلى، 35توۋاخ زۇفنىڭ ئوغلى، زۇف ئەلقانانىڭ ئوغلى، ئەلقانا ماخاتنىڭ ئوغلى، ماخات ئاماساينىڭ ئوغلى، 36ئاماساي ئەلقانانىڭ ئوغلى، ئەلقانا يوئېلنىڭ ئوغلى، يوئېل ئازاريانىڭ ئوغلى، ئازاريا زىفانىيانىڭ ئوغلى، 37زىفانىيا تاخاتنىڭ ئوغلى، تاخات ئاسسىرنىڭ ئوغلى، ئاسسىر ئەبياسافنىڭ ئوغلى، ئەبياساف كوراھنىڭ ئوغلى، 38كوراھ يىزھارنىڭ ئوغلى، يىزھار قوھاتنىڭ ئوغلى، قوھات لاۋىينىڭ ئوغلى، لاۋىي ئىسرائىلنىڭ [ياقۇپنىڭ] ئوغلى ئىدى.

39ھېماننىڭ ئوڭ قول ياردەمچىسى تۇغقىنى بولغان ئاساف ئىدى. ئاسافنىڭ نەسەبنامىسى تۆۋەندىكىچە خاتىرىلەنگەنىدى. ئاساف بەرەكيانىڭ ئوغلى، بەرەكيا شىمئانىڭ ئوغلى، 40شىمئا مىكائىلنىڭ ئوغلى، مىكائىل بائاسېيانىڭ ئوغلى، بائاسېيا مالكىيانىڭ ئوغلى، 41مالكىيا ئەتنىنىڭ ئوغلى، ئەتنى زەراخنىڭ ئوغلى، زەراخ ئادايانىڭ ئوغلى، 42ئادايا ئېتاننىڭ ئوغلى، ئېتان زىمماھنىڭ ئوغلى، زىمماھ شىمئىنىڭ ئوغلى، 43شىمئى ياخاتنىڭ ئوغلى، ياخات گېرشوننىڭ ئوغلى، گېرشون لاۋىينىڭ ئوغلى ئىدى.

44ھېماننىڭ سول قول ياردەمچىسى ئېتان ئىدى. ئۇ مىرارى جەمەتىدىن ئىدى. ئېتاننىڭ نەسەبنامىسى تۆۋەندىكىچە خاتىرىلەنگەنىدى. ئېتان قىشىنىڭ ئوغلى، قىشى ئابدىنىڭ ئوغلى، ئابدى ماللۇكنىڭ ئوغلى، 45ماللۇك خاشابيانىڭ ئوغلى، خاشابيا ئامازيانىڭ ئوغلى، ئامازيا خىلقىيانىڭ ئوغلى، 46خىلقىيا ئامزىنىڭ ئوغلى، ئامزى بانىنىڭ ئوغلى، بانى سەمەرنىڭ ئوغلى، 47سەمەر ماخلىنىڭ ئوغلى، ماخلى مۇشىنىڭ ئوغلى، مۇشى مىرارىنىڭ ئوغلى، مىرارى لاۋىينىڭ ئوغلى ئىدى.

48لاۋىي قەبىلىسىنىڭ قالغان ئەزالىرى خۇدانىڭ ئۆيى بولغان ئىبادەت چېدىرىنىڭ باشقا خىزمەتلىرىگە تەيىنلەنگەنىدى.

روھانىي ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى

49پەقەت ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىلا روھانىي بولۇپ، ئۇلار خۇداغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسىدا قۇربانلىق قىلاتتى ۋە ئىسرىقداندا ئىسرىق سالاتتى. ئۇلار خۇدانىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەرنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئاساسەن، ئىسرائىل خەلقىنىڭ گۇناھىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن ئەڭ مۇقەددەس بولغان بۇ جايدىكى ھەممە مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلاتتى.

50ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە: ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلئازار، ئەلئازارنىڭ ئوغلى پىنىخاس، پىنىخاسنىڭ ئوغلى ئابىشۇۋا، 51ئابىشۇۋانىڭ ئوغلى بۇققى، بۇققىنىڭ ئوغلى ئۇززى، ئۇززىنىڭ ئوغلى زىراخيا، 52زىراخيانىڭ ئوغلى مىرايوت، مىرايوتنىڭ ئوغلى ئاماريا، ئاماريانىڭ ئوغلى ئاخىتۇب، 53ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى زادوق، زادوقنىڭ ئوغلى ئاخىمائاس ئىدى.

لاۋىيلار ياشىغان شەھەرلەر

54قوھات جەمەتىدىكى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا چەك تارتىلىپ، چىققان چەك بويىچە بىرىنچى بولۇپ، تۆۋەندىكى شەھەرلەر بۆلۈپ بېرىلگەنىدى.

55ئۇلار يەھۇدا زېمىنىدىكى ھىبرون شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يايلاقلارغا ئىگە بولدى. 56لېكىن بۇ شەھەرنىڭ ئەتراپىدىكى ئېتىزلىقلار ۋە يېزىلار يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىبقا بېرىلدى. 57شۇنىڭ بىلەن ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا تۆۋەندىكى شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يايلاقلار بېرىلدى: پاناھلىنىدىغان شەھەر* ھىبرون، لىبناھ، ياتتىر، ئەشتىموۋا، 58خىلېن، دىبىر 59ئاشان، يۇتتاھ ۋە بەيت-شەمەش. 60يەنە بىنيامىن زېمىنىدىن تۆۋەندىكى شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يايلاقلارمۇ بېرىلدى: گىبئون، گەبا، ئالەمەت ۋە ئاناتوت. قوھات جەمەتىدىكى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا جەمىي 13 شەھەر بېرىلدى. 61قوھات جەمەتىنىڭ قالغان ئەۋلادلىرىغا تارتىلغان چەك بويىچە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ غەربىي يېرىمىغا قاراشلىق زېمىندىن ئون شەھەر بۆلۈپ بېرىلدى.

62گېرشون جەمەتىگە ئائىلىلىرى بويىچە ئىسساكار، ئاشېر، نافتالى ۋە باشاندىكى ماناسسە قەبىلىلىرىنىڭ زېمىنلىرىدىن 13 شەھەر بۆلۈپ بېرىلدى.

63مىرارى جەمەتىگە ئائىلىلىرى بويىچە رۇبېن، گاد ۋە زەبۇلۇن قەبىلىلىرىنىڭ زېمىنلىرىدىن 12 شەھەر چەك ئارقىلىق تەقسىم قىلىپ بېرىلدى.

64شۇنداق قىلىپ، ئىسرائىل خەلقى لاۋىيلارنىڭ ياشىشى ئۈچۈن مانا مۇشۇ شەھەرلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يايلاقلارنى ئاجرىتىپ بەردى. 65يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان شەھەرلەر يەھۇدا، شىمون ۋە بىنيامىن قەبىلىلىرىنىڭ زېمىنلىرىدىن چەك تارتىش ئارقىلىق بۆلۈپ بېرىلگەنىدى.

66قوھات ئەۋلادلىرىنىڭ بەزى جەمەتلىرىگە ئەفرايىم قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن تۆۋەندىكى شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يايلاقلار بېرىلدى. 67ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىكى پاناھلىنىدىغان شەھەر شەكەم، گەزەر، 68يوقمىئام، بەيت-خورون، 69ئاييالون ۋە گاترىممون. 70قوھات ئەۋلادلىرىنىڭ قالغان جەمەتلىرىگە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ غەربىي يېرىمىغا قاراشلىق بولغان ئانېر ۋە بىلئام دېگەن ئىككى شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يايلاقلار قوشۇپ بېرىلدى.

71گېرشون جەمەتىگە تۆۋەندىكى شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يايلاقلار بېرىلدى. ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىنىڭ زېمىنىدىن ئاشتاروت ۋە باشان زېمىنىدىكى گولان، 72ئىسساكار قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن قەدەش، دابىرات، 73راموت ۋە ئانېم. 74ئاشېر قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ماشال، ئابدون، 75خۇقوق ۋە رىخوب. 76نافتالى قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن خاممون، قىرياتائىم ۋە جەلىلىيەدىكى قەدەش.

77مىرارى جەمەتىنىڭ قالغان ئائىلىلىرىگە تۆۋەندىكى شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يايلاقلار بۆلۈپ بېرىلدى. زەبۇلۇن قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن رىممونو ۋە تابور، 78‏-79ئېرىخا شەھىرىنىڭ ئۇدۇلىدىكى، يەنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرق تەرىپىگە جايلاشقان رۇبېن قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ياھاز، قىدېموت، مېفائات ۋە چۆلدىكى بەزەر. 80‏-81گاد قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ماخانايىم، خەشبون، يازېر ۋە گىلئادتىكى راموت.



*57مۇقەددەس كىتابنىڭ «يوشۇۋا» قىسمى 20-باب، 2‏-ئايەتتىن 6-ئايەتكىچە قارالسۇن.


 

7

ئىسساكارنىڭ ئەۋلادلىرى

1ئىسساكارنىڭ تولاھ، پۇئاھ، ياشۇب ۋە شىمرون ئىسىملىك تۆت ئوغلى بار ئىدى.

2تولاھنىڭ ئۇززى، رىفايا، يىرىئېل، ياخماي، يىبسام ۋە سامۇئىل ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. ئۇلار ئۆز جەمەتىنىڭ باشلىقلىرى ئىدى. داۋۇت پادىشاھنىڭ دەۋرىدە تولاھنىڭ نەسەبنامىسىدا 22,600 لەشكىرى بار، دەپ خاتىرىلەنگەنىدى.

3ئۇززىنىڭ يىزراخيا ئىسىملىك بىر ئوغلى بولۇپ، يىزراخيانىڭ مىكائىل، ئوبادىيا، يوئېل ۋە يىششىيا دەپ ئوغۇللىرى بار ئىدى. يىزراخيا ۋە ئۇنىڭ تۆت ئوغلى جەمەت باشلىقلىرى ئىدى. 4ئۇلارنىڭ خوتۇن-بالىلىرى ناھايىتى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن، نەسەبنامىسىدا جەڭ قىلىشقا تەييار 36,000 لەشكىرى بار، دەپ خاتىرىلەنگەنىدى.

5ئىسساكار قەبىلىسىنىڭ جەمەتلەر نەسەبنامىسىدا جەمئىي 87,000 لەشكىرى بار، دەپ خاتىرىلەنگەنىدى.

بىنيامىننىڭ ئەۋلادلىرى

6بىنيامىننىڭ بەلا، بەكەر ۋە يىدىئائېل ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى بار ئىدى.

7بەلانىڭ ئەزبون، ئۇززى، ئۇززىئېل، يىرىموت ۋە ئىرى ئىسىملىك بەش ئوغلى بار ئىدى. بۇ بەش ئوغۇل ئۆز جەمەتىنىڭ باشلىقلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ نەسەبنامىسىدا 22,034 لەشكىرى بار، دەپ خاتىرىلەنگەنىدى.

8بەكەرنىڭ زىمىرا، يوئاش، ئەلىئەزەر، ئەليوئېناي، ئومرى، يىرېموت، ئابىيا، ئاناتوت ۋە ئالەمەت ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. 9ئۇلارنىڭ نەسەبنامىسىدا جەمەت باشلىقلىرىدىن سىرت 20,200 لەشكىرى بار، دەپ خاتىرىلەنگەنىدى.

10يىدىئائېلنىڭ بىلھان ئىسىملىك بىر ئوغلى بار ئىدى. بىلھاننىڭ يىئۇش، بىنيامىن، ئېھۇد، كىنائانا، زېتان، تارشىش ۋە ئاخىشاخار ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. 11يىدىئائېلنىڭ ئوغلى ۋە نەۋرىلىرىنىڭ ھەممىسى جەمەت باشلىقلىرى بولۇپ، نەسەبنامىسىدا جەڭ قىلىشقا تەييار 17,200 لەشكىرى بار، دەپ خاتىرىلەنگەنىدى.

12شۇپپىم ۋە خۇپپىم خەلقلىرى ئىرنىڭ ئەۋلادى، خۇشىم خەلقى بولسا ئاخېرنىڭ ئەۋلادى ئىدى.

نافتالىنىڭ ئەۋلادلىرى

13نافتالىنىڭ ياخزىئېل، گۇنى، يېزەر ۋە شاللۇم ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. ئۇلار ياقۇپنىڭ توقىلى بىلھاھنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىدى.

ماناسسەنىڭ ئەۋلادلىرى

14ماناسسە ئارراملىق توقىلىدىن ئاسرىئېل ۋە ماكىر ئىسىملىك ئوغۇللارنى كۆردى. ماكىر گىلئادنىڭ ئاتىسى ئىدى. 15ماكىر خۇپپىم ۋە شۇپپىمغا خوتۇن ئېلىپ بەردى. ماكىرنىڭ مائاكا ئىسىملىك بىر سىڭلىسى بار ئىدى. زىلوفخاد ماكىرنىڭ يەنە بىر ئوغلى بولۇپ، ئۇ پەقەت قىز پەرزەنتلا كۆرگەنىدى.

16ماكىرنىڭ خوتۇنى مائاكا ئىككى ئوغۇل تۇغدى. ئۇلارنىڭ ئىسمىنى پەرەش ۋە شەرەش قويدى. پەرەش ئۇلام ۋە رەقەم ئىسىملىك ئوغۇللارنى كۆردى. 17ئۇلامنىڭ بىدان ئىسىملىك ئوغلى بار ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى گىلئادنىڭ ئەۋلادىدۇر. گىلئاد ماكىرنىڭ ئوغلى، ماكىر ماناسسەنىڭ ئوغلىدۇر.

18گىلئادنىڭ سىڭلىسى ھاممولەكەتتىن ئىشھود، ئابىئەزەر ۋە ماخلاھ تۇغۇلدى.

19شىمىدانىڭ ئاخيان، شەكەم، لىقخى ۋە ئانىئام ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.

ئەفرايىمنىڭ ئەۋلادلىرى

20ئەفرايىمنىڭ شۇتەلاخ ئىسىملىك ئوغلى بار ئىدى. (شۇتەلاخنىڭ ئوغلى بەرەد، بەرەدنىڭ ئوغلى تاخات، تاخاتنىڭ ئوغلى ئەلئادا، ئەلئادانىڭ ئوغلى تاخات، 21تاخاتنىڭ ئوغلى زاباد، زابادنىڭ ئوغلى شۇتەلاخ ئىدى.) ئەفرايىمنىڭ شۇتەلاختىن سىرت يەنە ئەزەر ۋە ئەلئاد ئىسىملىك ئوغۇللىرىمۇ بار ئىدى. ئۇلار گات شەھىرىنىڭ يەرلىك ئاھالىسىنىڭ چارۋىلىرىنى ئوغرىلىماقچى بولغاندا، گاتلىقلار ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنىدى. 22ئۇلارنىڭ ئاتىسى ئەفرايىم خېلى كۈنلەرگىچە ھازا تۇتتى. تۇغقانلىرى ئۇنىڭغا تەسەللى بەرگىلى كەلدى. 23ئەفرايىم خوتۇنى بىلەن يەنە بىللە بولدى. خوتۇنى ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. ئەفرايىم ئائىلىسىدە يۈز بەرگەن بەختسىزلىكنى ئويلاپ، ئوغلىنىڭ ئىسمىنى بىرىئا [مەنىسى «بەختسىزلىك»] قويدى. 24ئەفرايىمنىڭ شەئەرا ئىسىملىك بىر قىزى بار ئىدى. شەئەرا ئۈستۈن بەيت-خورون ۋە ئاستىن بەيت-خورون شەھەرلىرىنى ھەمدە ئۇزېن-شەئەرا شەھىرىنى قۇرغانىدى. 25ئەفرايىمنىڭ يەنە رەفاخ ئىسىملىك بىر ئوغلىمۇ بار ئىدى. رەفاخنىڭ ئوغلى رەشەف، رەشەفنىڭ ئوغلى تەلاخ، تەلاخنىڭ ئوغلى تاخان، 26تاخاننىڭ ئوغلى لادان، لاداننىڭ ئوغلى ئاممىھۇد، ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەلىشاما، 27ئەلىشامانىڭ ئوغلى نۇن، نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ئىدى.

28ئەفرايىمنىڭ ئەۋلادلىرى جەنۇبتا بەيتەل شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار، شەرقتە نائاران شەھىرى، غەربتە گەزەر شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار، شەكەم ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار ۋە ئەڭ يىراق بولغاندا ئايياھ شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپتىكى يېزىلارغىچە ئورۇنلاشقانىدى. 29ماناسسە زېمىنىنىڭ چېگرىسىدا بەيتشان، تاناك، مىگىددو، دور شەھەرلىرى ۋە ئۇ شەھەرلەرنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار بار ئىدى. بۇ جايلاردا ئىسرائىلنىڭ ئوغلى يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى ياشىغانىدى.

ئاشېرنىڭ ئەۋلادلىرى

30ئاشېرنىڭ ئوغۇللىرى تۆۋەندىكىچە: يىمناھ، يىشۋاھ، يىشۋى ۋە بىرىئا. بۇ ئوغۇللارنىڭ سەراخ ئىسىملىك بىر سىڭلىسىمۇ بار ئىدى.

31بىرىئانىڭ خەبەر ۋە مالكىئېل ئىسىملىك ئوغۇللىرى بولۇپ، مالكىئېل بىرزايىت شەھىرىنى قۇرغانىدى.

32خەبەرنىڭ يافلېت، شومېر ۋە خوتام ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. بۇ ئوغۇللارنىڭ شۇئا ئىسىملىك بىر قىز قېرىندىشى بار ئىدى.

33يافلېتنىڭ پاساك، بىمھال ۋە ئاشۋات ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.

34شومېرنىڭ ئاخى، روھاگا، يىخۇببا ۋە ئاررام ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.

35شومېرنىڭ ئىنىسى ھېلەمنىڭ زوفاخ، يىمنا، شېلەش ۋە ئامال ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.

36زوفاخنىڭ سۇۋاخ، خارنەفەر، شۇئال، بەرى، يىمراھ، 37بەزەر، ھود، شامما، شىلشاھ، يىتران ۋە بىئېرا ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.

38يەتەرنىڭ يىفۇننە، پىسپاھ ۋە ئارا ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.

39ئۇللانىڭ ئاراخ، خاننىئېل ۋە رىزيا ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.

40ئاشېر ئەۋلادلىرى مانا مۇشۇلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلار جەمەت باشلىقلىرى، باتۇر، پىشقان جەڭچىلەر، كۆزگە كۆرۈنگەن يولباشچىلار ئىدى. ئاشېر قەبىلىسىنىڭ نەسەبنامىسىدا جەڭ قىلىشقا تەييار 26,000 جەڭچىسى بار ئىدى، دەپ خاتىرىلەنگەنىدى.

8

بىنيامىننىڭ باشقا ئەۋلادلىرى

1بىنيامىننىڭ تۇنجى ئوغلى بەلا، ئىككىنچىسى ئاشبېل، ئۈچىنچىسى ئاخراخ، 2تۆتىنچىسى نوخاھ، بەشىنچىسى رافا ئىدى.

3بەلانىڭ ئوغۇللىرى: ئاددار، گېرا، ئابىخۇد، 4ئابىشۇۋا، نائامان، ئاخوۋاخ، 5گېرا، شىفۇفان ۋە خۇرام.

6‏-7ئېخۇدنىڭ نائامان، ئاخىيا ۋە گېرا ئىسىملىك ئوغۇللىرى بولۇپ، ئۇلار گەبا شەھىرى ئاھالىسىنىڭ جەمەت باشلىقلىرى ئىدى. گەبا ئاھالىسى ماناخاتقا سۈرگۈن قىلىنغاندا، گېرا خەلقنى باشلاپ كەتكەنىدى. گېرانىڭ ئۇززا ۋە ئاخىخۇد ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.

8شاخارايىم خوتۇنلىرى خۇشىم ۋە بائارانى قويۇۋەتكەندىن كېيىن، موئاب زېمىنىدا ئوغۇل پەرزەنتلەر كۆرگەنىدى. 9ئۇنىڭ خودەش ئىسىملىك خوتۇنى ئۇنىڭغا يوباب، زىبيا، مېشا، مالكام، 10يىئۇز، ساكىياھ ۋە مىرماھ دېگەن ئوغۇللارنى تۇغۇپ بەردى. شاخارايىمنىڭ بۇ ئوغۇللىرى جەمەت باشلىقلىرى ئىدى.

11شاخارايىمنىڭ خۇشىمدىن تۇغۇلغان ئابىتۇب ۋە ئەلپائال ئىسىملىك ئوغۇللىرىمۇ بار ئىدى. 12‏-13ئەلپائالنىڭ ئېبەر، مىشئام، شەمەد، بىرىئا ۋە شەما ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. شەمەد ئونو بىلەن لود شەھىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارنى بىنا قىلغانىدى. بىرىئا ۋە شەما ئاييالون شەھىرى ئاھالىسىنىڭ جەمەت باشلىقلىرى بولۇپ، گات ئاھالىسىنى ئۇ يەردىن قوغلىۋەتكەنىدى.

14بىرىئانىڭ ئوغۇللىرى: ئاخيو، شاشاق، يىرېموت، 15زىباديا، ئاراد، ئەدەر، 16مىكائىل، يىشپاھ ۋە يوخا.

17ئەلپائالنىڭ ئوغۇللىرى: زىباديا، مىشۇللام، خىزقى، خەبەر، 18يىشمىراي، يىزلىئا ۋە يوباب.

19شىمئىنىڭ ئوغۇللىرى: ياقىم، زىكرى، زابدى، 20ئەلىئېناي، زىللىتاي، ئەلىئېل، 21ئادايا، بىرايا ۋە شىمرات.

22شاشاقنىڭ ئوغۇللىرى: يىشپان، ئېبەر، ئەلىئېل، 23ئابدون، زىكرى، خانان، 24خانانيا، ئېلام، ئانتوتىيا، 25يىفدىيا ۋە پىنۇئېل.

26يىروخامنىڭ ئوغۇللىرى: شامشىراي، شىخاريا، ئاتاليا، 27يائارېشيا، ئېلىيا ۋە زىكرى.

28يۇقىرىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى جەمەت باشلىقلىرى ۋە يولباشچىلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى ئۆز جەمەتىنىڭ نەسەبنامىسىدا خاتىرىلەنگەنىدى. ئۇلار يېرۇسالېمدا ياشايتتى.

29يىئىئېل گىبئون شەھىرىنى بىنا قىلىپ، شۇ يەرگە ئورۇنلاشتى. ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى مائاكا بولۇپ، 30تۇنجى ئوغلىنىڭ ئىسمى ئابدون، كېيىنكىلىرنىڭ ئىسمى زۇر، كىش، بائال، نېر، ناداب، 31گىدور، ئاخيو، زېكەر 32ۋە مىقلوت ئىدى. مىقلوت بولسا شىمئاھنىڭ ئاتىسى ئىدى. ئۇلارمۇ يېرۇسالېمدا ئۆز تۇغقانلىرىنىڭ يېنىدا ياشىدى.

سائۇل پادىشاھنىڭ ئەۋلادلىرى

33نېر كىشنىڭ ئاتىسى، كىش سائۇل پادىشاھنىڭ ئاتىسى ئىدى.

سائۇل پادىشاھنىڭ يوناتان، مالكىشۇۋا، ئابىناداب ۋە ئەشبائال ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.

34يوناتان مىرىب-بائالنىڭ ئاتىسى، مىرىب-بائال مىكاھنىڭ ئاتىسى ئىدى.

35مىكاھنىڭ پىتون، مەلەك، تارېيا ۋە ئاخاز ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.

36ئاخازدىن ياداھ تۆرەلدى.

يىھوئاددادىن ئالەمەت، ئازماۋەت ۋە زىمرى تۆرەلدى.

زىمرىدىن موزا تۆرەلدى.

37موزادىن بىنئا تۆرەلدى،

بىنئادىن رافاھ تۆرەلدى،

رەفاھتىن ئەلئاسا تۆرەلدى،

ئەلئاسادىن ئازېل تۆرەلدى.

38ئازېلنىڭ ئالتە ئوغلى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى ئازرىقام، بوكىرۇ، ئىسمائىل، شىئاريا، ئوبادىيا ۋە خانان ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئازېلنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى.

39ئازېلنىڭ ئىنىسى ئېشەقنىڭ ئۈچ ئوغلى بولۇپ، تۇنجىسى ئۇلام، ئىككىنچىسى يىئۇش، ئۈچىنچىسى ئەلىفەلەت ئىدى. 40ئۇلامنىڭ ئوغۇللىرى باتۇر جەڭچى ۋە مەرگەن ئوقياچىلار ئىدى. ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ئوغۇللىرى ۋە نەۋرىلىرى بولۇپ، جەمئىي 150 كىشى ئىدى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى بىنيامىننىڭ ئەۋلادلىرىدۇر.

9

1شۇنداق قىلىپ، پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى نەسەبنامىدا خاتىرىلىنىپ، «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرى كىتابى»غا كىرگۈزۈلگەنىدى.

ئەسىرلىكتىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلگەنلەر

يەھۇدىيە خەلقى پەرۋەردىگارغا ۋاپاسىزلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغانىدى. 2ئەڭ ئاۋۋال روھانىيلار، لاۋىيلار، ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ۋە باشقا ئىسرائىللار قايتىپ كېلىپ، ئۆز شەھەرلىرىگە ئولتۇراقلاشتى. 3يەھۇدا، بىنيامىن، ئەفرايىم ۋە ماناسسە قەبىلىلىرىنىڭ بىر قىسىملىرى يېرۇسالېمدا ئولتۇراقلاشتى.

4بۇلارنىڭ ئىچىدە يەھۇدانىڭ ئوغلى پەرەسنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان ئۇتايمۇ بار ئىدى. ئۇتاي ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى، ئاممىھۇد ئومرىنىڭ ئوغلى، ئومرى ئىمرىنىڭ ئوغلى، ئىمرى بانىنىڭ ئوغلى ئىدى.

5قايتىپ كەلگەن شېلاھنىڭ ئەۋلادلىرى: شېلاھنىڭ تۇنجى ئوغلى ئاسايا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى.

6زەراخنىڭ ئەۋلادى: يىئۇئېل.

يەھۇدا قەبىلىسىدىن قايتىپ كەلگەنلەر جەمئىي 690 كىشى ئىدى.

بىنيامىن قەبىلىسىدىن قايتىپ كەلگەنلەر

7‏-8بىنيامىن قەبىلىسىدىن: مىشۇللامنىڭ ئوغلى ساللۇ، (مىشۇللام ھوداۋيانىڭ ئوغلى، ھوداۋيا ھاسسىنۇئانىڭ ئوغلى ئىدى.) يىروخامنىڭ ئوغلى يىبنېيا، ئۇززىنىڭ ئوغلى يەنى مىكرىنىڭ نەۋرىسى ئەلاھ، شىفاتيانىڭ ئوغلى مىشۇللام، (شىفاتيا رىئۇئېلنىڭ ئوغلى، رىئۇئېل يىبنىيانىڭ ئوغلى ئىدى.)

9بىنيامىن قەبىلىسىدىن نەسەبنامىغا 956 كىشى كىرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى جەمەت باشلىقلىرى ئىدى.

روھانىيلاردىن قايتىپ كەلگەنلەر

10يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلگەن روھانىيلار: يىدايا، يىھويارىب، ياكىن ۋە 11خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ باش غوجىدارى ئازاريا. ئازاريا خىلقىيانىڭ ئوغلى، خىلقىيا مىشۇللامنىڭ ئوغلى، مىشۇللام زادوقنىڭ ئوغلى، زادوق مىرايوتنىڭ ئوغلى، مىرايوت ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى ئىدى.

12يىروخامنىڭ ئوغلى ئادايا (يىروخام پاشخۇرنىڭ ئوغلى، پاشخۇر مالكىيانىڭ ئوغلى ئىدى) ۋە ئادىئېلنىڭ ئوغلى ماساي (ئادىئېل ياخزېرانىڭ ئوغلى، ياخزېرا مىشۇللامنىڭ ئوغلى، مىششۇلام مىشىللېمىتنىڭ ئوغلى، مىشىللېمىت ئىممېرنىڭ ئوغلى ئىدى)مۇ قايتىپ كەلگەنىدى.

13جەمەت باشلىقلىرى بولۇپ جەمئىي 1760 روھانىي قايتىپ كەلدى. ئۇلار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا خىزمەت قىلىشقا قابىل كىشىلەر ئىدى.

لاۋىيلاردىن قايتىپ كەلگەنلەر

14يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلگەن لاۋىيلار: خاششۇبنىڭ ئوغلى شىمايا. (خاششۇب ئازرىقامنىڭ ئوغلى، ئازرىقام مىرارىلاردىن بولغان خاشابيانىڭ ئوغلى ئىدى.) 15باقباققار، خەرەش، گالال ۋە ماتتانيامۇ قايتىپ كەلگەنىدى. ماتتانيا مىكانىڭ ئوغلى، مىكا زىكرىنىڭ ئوغلى، زىكرى ئاسافنىڭ ئوغلى ئىدى. 16شىمايانىڭ ئوغلى ئوبادىيا (شىمايا گالالنىڭ ئوغلى، گالال يىدۇتۇننىڭ ئوغلى ئىدى) ۋە ئاسانىڭ ئوغلى بەرەكيا قايتىپ كەلگەنىدى. بەرەكيا ئەلقانانىڭ نەۋرىسى بولۇپ، نىتوفانىڭ يېزىلىرىدا ياشىغانىدى.

ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرىدىن قايتىپ كەلگەنلەر

17يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلگەن ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرى تۆۋەندىكىچە: شاللۇم، ئاققۇب، تالمون، ئاخىمان ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى. شاللۇم ئۇلارنىڭ باشلىقى ئىدى. 18ئۇلار بۈگۈنگە قەدەر شەرق تەرەپتىكى پادىشاھ دەرۋازىسىدا مۇھاپىزەتچىلىك قىلماقتا. لاۋىيلارنىڭ قارارگاھىغا قارايدىغان دەرۋازىۋەنلەرمۇ شۇلاردىندۇر. 19ئەبياسافنىڭ نەۋرىسى، قورېنىڭ ئوغلى شاللۇم ۋە ئۇنىڭ كوراھ جەمەتىدىن بولغان قېرىنداشلىرى ئىبادەتخانىدا مۇھاپىزەتچىلىك قىلاتتى، ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمۇ بۇرۇن پەرۋەردىگارنىڭ قارارگاھىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا مۇھاپىزەتچىلىك قىلغانىدى.

20ئەلئازارنىڭ ئوغلى پىنىخاس بۇرۇن ئۇلارغا باشلىق بولغانىدى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يار ئىدى. 21مىشەلەميانىڭ ئوغلى زىكىرىيا ئىبادەتخانىنىڭ دەرۋازىسىدا مۇھاپىزەتچىلىك قىلغانىدى.

22كىرىش ئېغىزى بىلەن دەرۋازىغا قاراشقا جەمئىي 212 كىشى تاللانغانىدى. نەسەبنامىدا ئۇلار ئۆزلىرى تۇرىدىغان يېزىلار بويىچە خاتىرىلەنگەنىدى. داۋۇت پادىشاھ بىلەن سامۇئىل پەيغەمبەر بۇ مۇھىم ۋەزىپىنى ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىغا تاپشۇرغانىدى. 23ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ دەرۋازىسىدا داۋاملىق مۇھاپىزەتچىلىك قىلىپ كەلدى. 24ھەممە تەرەپكە، يەنى شەرق، غەرب، شىمال ۋە جەنۇب تەرەپتىكى دەرۋازىلىرىنىڭ ھەربىرىگە دەرۋازىۋەنلەر قويۇلغانىدى. 25بۇ مۇھاپىزەتچىلەرگە ئۆز يېزىسىدىكى تۇغقانلىرى ياردەملىشىپ، نۆۋەت بىلەن يەتتە كۈندىن قارايتتى.

26تۆت نەپەر دەرۋازىۋەنلەر باشلىقى لاۋىيلاردىن بولۇپ، ئۇلار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ھۇجرىلىرى ۋە خەزىنىلىرىگە قاراشقا مەسئۇل ئىدى. 27ئۇلار ئىبادەتخانىنى مۇھاپىزەت قىلىشقا، شۇنداقلا ھەر كۈنى سەھەردە ئىبادەتخانا دەرۋازىلىرىنى ئېچىشقا مەسئۇل بولغاچقا، تۈننى ئىبادەتخانىنىڭ ئەتىراپىدا ئۆتكۈزەتتى.

28بەزى لاۋىيلار ئىبادەتكە ئىشلىتىدىغان بۇيۇملارغا قاراشقا مەسئۇل ئىدى. ھەر قېتىم بۇ بۇيۇملارنى ئېلىپ چىقىپ، ئەكىرىپ قويغاندا ئۇلار سانىنى ئالاتتى. 29يەنە بىر قىسىم لاۋىيلار ئىبادەتخانىنىڭ مۇقەددەس جايىدىكى نەرسىلەرگە، باشقا بۇيۇملارغا ۋە ئۇن، شاراب، زەيتۇن يېغى، ئىسرىق، خۇشبۇي ماددا قاتارلىقلارغا قارايتتى. 30خۇشبۇي ماددىلارنى تەڭشەپ مۇقەددەس ياغنى ياساش روھانىيلارنىڭ ئىشى ئىدى. 31لاۋىيلارنىڭ كوراھ جەمەتىدىن بولغان شاللۇمنىڭ تۇنجى ئوغلى ماتتىتيا خۇداغا ئاتالغان نانلارنى پىشۇرۇشقا مەسئۇل ئىدى. 32قوھات جەمەتىدىكىلەردىن بەزىلىرى ھەر دەم ئېلىش كۈنى ئىبادەتخانىدا پەرۋەردىگارغا ئاتالغان نانلارنى تەييارلاشقا مەسئۇل ئىدى.

33لاۋىيلارنىڭ بىر قىسىم جەمەت باشلىقلىرى ئىبادەتخانىنىڭ ساز چېلىش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىدى. ئۇلار ئىبادەتخانىنىڭ ھۇجرىلىرىدا تۇراتتى. ئۇلار كېچە-كۈندۈز ساز چېلىشقا مەسئۇل بولغانلىقى ئۈچۈن، باشقا ئىش قىلمايتتى. 34يۇقىرىدا ئىسىملىرى تىلغا ئېلىنغان لاۋىيلار نەسەبنامىدا جەمەت باشلىقلىرى، دەپ خاتىرىلەنگەنىدى. ئۇلار يېرۇسالېمدا تۇراتتى.

سائۇل پادىشاھنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ۋە ئەۋلادلىرى

35يىئىئېل گىبئون شەھىرىنى بىنا قىلىپ، شۇ يەرگە ئورۇنلاشتى. ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى مائاكا بولۇپ، 36تۇنجى ئوغلىنىڭ ئىسمى ئابدون، كېيىنكىلىرنىڭ ئىسمى زۇر، كىش، بائال، نېر، ناداب، 37گىدور، ئاخيو، زىكىرىيا ۋە مىقلوت ئىدى. 38مىقلوت بولسا شىمئامنىڭ ئاتىسى ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى يېرۇسالېمدا ئۆز تۇغقانلىرىنىڭ يېنىدا ياشىدى.

39نېر كىشنىڭ ئاتىسى،

كىش سائۇل پادىشاھنىڭ ئاتىسى ئىدى.

سائۇل پادىشاھنىڭ يوناتان، مالكىشۇۋا، ئابىناداب ۋە ئەشبائال ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.

40يوناتان مىرىب-بائالنىڭ ئاتىسى،

مىرىب-بائال مىكاھنىڭ ئاتىسى ئىدى.

41مىكاھنىڭ پىتون، مەلەك، تاخرېيا ۋە ئاخاز ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.

42ئاخاز ياداھنىڭ ئاتىسى ئىدى.

ياداھتىن ئالەمەت، ئازماۋەت ۋە زىمرى تۆرەلدى.

زىمرىدىن موزا تۆرەلدى،

43موزادىن بىنئا تۆرەلدى،

بىنئادىن رىفايا تۆرەلدى،

رىفايادىن ئەلئاسا تۆرەلدى،

ئەلئاسادىن ئازېل تۆرەلدى.

44ئازېلنىڭ ئالتە ئوغلى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى ئازرىقام، بوكىرۇ، ئىسمائىل، شىئاريا، ئوبادىيا ۋە خانان ئىدى. بۇلار ئازېلنىڭ ئوغۇللىرىدۇر.

10

سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ۋاپات بولۇشى

1فىلىستىيەلىكلەر ئىسرائىللار بىلەن جەڭ قىلىشتى. نۇرغۇن ئىسرائىللار گىلبوۋا تېغىدا قازا قىلدى، قالغانلىرى فىلىستىيەلىكلەردىن قاچتى. 2فىلىستىيەلىكلەر سائۇل بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ، ئاخىرى سائۇلنىڭ ئوغۇللىرىدىن يوناتان، ئابىناداب، مالكىشۇۋالارنى ئۆلتۈردى. 3سائۇلنىڭ ئەتراپىدا جەڭ ئەۋجىگە چىقتى. شۇ پەيتتە سائۇل دۈشمەن ئوقياچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىلىپ، يارىلاندۇرۇلدى. 4سائۇل ئۆزىنىڭ قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە:

_ قىلىچىڭنى سۇغۇر، مېنى ئۆلتۈرۈۋەت، ئاۋۇ خەتنىسىزلەر كېلىپ، مېنى خورلىمىسۇن، _ دېدى.

قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچى قاتتىق قورقۇپ كەتكىنىدىن ئۇنداق قىلىشقا ئۇنىمىدى. سائۇل ئۆزىنىڭ قىلىچىنى سۇغۇرۇپ چىقىرىپ، ئۆزىنى قىلىچ ئۈستىگە تاشلىدى. 5قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچى سائۇلنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇمۇ ئۆزىنى قىلىچى ئۈستىگە تاشلاپ ئۆلدى. 6شۇنىڭ بىلەن سائۇل، ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلى ۋە پۈتۈن نەسلى بىراقلا ھالاك بولدى. 7يىزرىئەل جىلغىسىدا تۇرۇۋاتقان پۈتۈن ئىسرائىللار ئىسرائىلىيە لەشكەرلىرىنىڭ قاچقانلىقىنى، سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرۈپ، شەھەرلىرىنى تاشلاپ قاچتى. ئاندىن فىلىستىيەلىكلەر كېلىپ ئۇ شەھەرلەرگە ئولتۇراقلىشىپ قالدى.

سائۇل ۋە ئوغۇللىرىنىڭ جەسەتلىرىنىڭ دەپنە قىلىنىشى

8ئەتىسى فىلىستىيەلىكلەر ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى سالدۇرۇۋېلىشقا كەلگەندە، سائۇل بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ گىلبوۋا تېغىدا ئۆلۈك ھالدا ياتقانلىقىنى كۆرۈپ، 9سائۇلنىڭ ساۋۇت-دۇبۇلغىلىرىنى سالدۇرۇۋېلىپ، ئاندىن كاللىسىنى كېسىۋالدى. فىلىستىيەلىكلەر ئۆز زېمىنىنىڭ ھەر تەرىپىگە چاپارمەنلەرنى ئەۋەتىپ، ئۆز بۇتخانىلىرىغا ۋە خەلققە خۇش خەۋەرنى يەتكۈزدى. 10ئۇلار سائۇلنىڭ ساۋۇت-دۇبۇلغىلىرىنى ئۆز ئىلاھلىرىنىڭ بۇتخانىسىغا قويۇپ، كاللىسىنى داگون دېگەن ئىلاھنىڭ بۇتخانىسىغا مىخلاپ قويدى.

11گىلئادتىكى يابېش شەھىرىنىڭ ئاھالىسى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ سائۇلغا قىلغان ھەممە ئىشلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، 12ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەممە باتۇرلار ئاتلىنىپ، سائۇل بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ جەسەتلىرىنى يابېشقا قايتۇرۇپ ئەكەتتى. ئاندىن سۆڭەكلەرنى يابېشتىكى چوڭ دەرەخنىڭ تۈۋىگە دەپنە قىلىپ، يەتتە كۈن روزا تۇتتى.

13‏-14سائۇل پەرۋەردىگارغا قىلغان ۋاپاسىزلىقى ئۈچۈن ھالاك بولدى. ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغان ئەمرىگە رىئايە قىلمىدى. ھەتتا پەرۋەردىگاردىن يول سورىماي، ئەرۋاھ چاقىرالايدىغان باخشى ئايالدىن مەسلىھەت سورىغانىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، پادىشاھلىقىنى يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇتقا بەردى.

11

داۋۇتنىڭ پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولۇشى

1شۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ھىبرونغا كېلىپ، داۋۇتنىڭ قېشىغا يىغىلدى. ئۇلار داۋۇتقا:

_ قارىسىلا، بىز سىلىنىڭ جانجىگەر تۇغقانلىرى بولىمىز. 2بۇرۇن سائۇل بىزگە پادىشاھ بولغان ۋاقتىدىمۇ، سىلى ئۇرۇشلاردا ئىسرائىل خەلقىگە باشچىلىق قىلغانىدىلە. پەرۋەردىگارلىرى بولغان خۇدامۇ سىلىگە: «سەن خۇددى بىر پادىچى ئۆز قويلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغاندەك، مېنىڭ خەلقىم بولغان ئىسرائىللارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىسەن ۋە ئۇلارغا باشچى بولىسەن» دېگەنىدى، _ دېدى.

3شۇنداق قىلىپ، داۋۇت ھىبروندا ئىسرائىللارنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرى بىلەن «پەرۋەردىگار گۇۋاھ بولسۇن» دەپ، ئەھدە تۈزدى. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ سامۇئىل ئارقىلىق ۋەدە قىلغىنى بويىچە داۋۇتنىڭ بېشىغا ياغ قۇيۇپ، ئۇنى ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ قىلدى.

داۋۇت پادىشاھنىڭ يېرۇسالېمنى ھۇجۇم قىلىپ ئېلىشى

4داۋۇت پادىشاھ ۋە پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى يېرۇسالېم شەھىرىگە كەلدى. ئۇ چاغدا يېرۇسالېم يىبۇس دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئۇ يەرنىڭ خەلقى يىبۇسلار ئىدى. 5يىبۇسلار داۋۇتقا:

_ سەن بۇ يەرگە كىرەلمەيسەن، _ دېدى.

(كېيىن، داۋۇت سىئون قەلئەسىنى ھۇجۇم قىلىپ ئالدى ۋە بۇ قەلئەگە «داۋۇت شەھىرى» دەپ نام بەردى.)

6داۋۇت ئۆز ئادەملىرىگە:

_ كىمكى بىرىنچى بولۇپ يىبۇسلارغا ھۇجۇم قىلسا، شۇ ئادەم لەشكەرلىرىمنىڭ بېشى ۋە سەركەردىسى بولىدۇ، _ دېدى.

مەزلۇم زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئاب بىرىنچى بولۇپ ھۇجۇم قىلىپ، لەشكەرلەرنىڭ بېشى بولدى.

7شۇنداق قىلىپ، داۋۇت قەلئەنى ئىگىلەپ، ئۇ يەردە تۇرۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن، بۇ قەلئە «داۋۇت شەھىرى» دەپ ئاتالدى. 8داۋۇت شەھەرنى تىندۇرۇلغان يەردىن باشلاپ تۆت ئەتراپىدىكى سېپىلىغىچە كېڭەيتىپ قۇردى. شەھەرنىڭ قالغان قىسمىنى يوئاب تۈزەتتى. 9داۋۇت كۈندىن-كۈنگە كۈچەيدى. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يار ئىدى.

داۋۇتنىڭ باھادىرلىرى

10تۆۋەندىكىلەر داۋۇتنىڭ لەشكەرلىرى ئىچىدىكى باھادىرلار ئىدى. ئۇلار پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىل ھەققىدە ئېيتقان سۆزى بويىچە داۋۇتنى پادىشاھ قىلغانلار ھەمدە ئۇنىڭ پادىشاھلىقىغا كۈچلۈك مەدەت بەرگەنلەردۇر.

11داۋۇتنىڭ لەشكەرلىرى ئىچىدىكى باھادىرلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: بىرىنچىسى خاكمونىلىق ياشوبئام بولۇپ، ئۇ «ئۈچ باھادىر»نىڭ بېشى ئىدى. بىر قېتىملىق جەڭدە نەيزىسى بىلەن ئۈچ يۈز ئادەمنى ئۆلتۈرىدۇ.

12«ئۈچ باھادىر»نىڭ ئىككىنچىسى ئاخوۋاخ ئۇرۇقىدىن بولغان دودونىڭ ئوغلى ئەلئازار ئىدى. 13فىلىستىيەلىكلەر جەڭ قىلىش ئۈچۈن پاسداممىمغا يىغىلغاندا، ئۇ داۋۇت بىلەن بىرگە ئارپىلىقتا بولۇپ، ئىسرائىل لەشكەرلىرى بۇ چاغدا فىلىستىيەلىكلەردىن قېچىپ كېتىدۇ. 14داۋۇت بىلەن ئەلئازار بولسا ھېلىقى ئېتىزلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا چىڭ تۇرۇپ، فىلىستىيەلىكلەرنى قىرىۋېتىدۇ ۋە ئېتىزلىقنىمۇ قوغداپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا زور غەلىبە ئاتا قىلىدۇ.

15‏-16بىر قېتىم داۋۇتنىڭ لەشكەرلىرى ئارىسىدا «ئوتتۇز باھادىر» دەپ ئاتالغان باھادىرلاردىن «ئۈچ باھادىر» داۋۇت بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن «ئادۇللام» دېگەن غارنىڭ ئەتراپىدىكى قورام تاشنىڭ يېنىغا بارىدۇ. داۋۇت تاغدىكى شۇ غاردا پاناھلىنىۋاتقانىدى. بۇ چاغدا فىلىستىيەلىك لەشكەرلەرنىڭ بىر قاراۋۇل ئەترىتى رافائىم جىلغىسىدا بارگاھ قۇرىدۇ، يەنە بىر قىسىم فىلىستىيەلىكلەر بولسا بەيتلەھەمنى ئىگىلىۋالىدۇ. 17داۋۇت تەشنالىق بىلەن:

_ بىرەرسى ماڭا بەيتلەھەمنىڭ دەرۋازىسى يېنىدىكى قۇدۇقتىن سۇ ئەكېلىپ بەرگەن بولسا ئىدى! _ دەيدۇ.

18ھېلىقى «ئۈچ باھادىر» فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بارگاھىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، بەيتلەھەمنىڭ دەرۋازىسى يېنىدىكى قۇدۇقتىن سۇ تارتىپ ئېلىپ، سۇنى داۋۇتقا ئەكېلىپ بېرىدۇ. لېكىن داۋۇت سۇنى ئىچىشنى خالىماي، ئۇنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ يەرگە تۆكۈۋېتىدۇ، ھەمدە:

19_ خۇدايىم مېنى بۇ سۇنى ئىچىشتىن ساقلىغايسەن. بۇ سۇ، ھاياتىنى ئۆلۈمگە تىكىپ قويۇپ، سۇ ئالغىلى بارغان «ئۈچ باھادىر»نىڭ قېنىدەك قىممەتلىك ئەمەسمۇ؟ _ دەيدۇ ۋە شۇ سەۋەبلىك سۇنى ئىچىشتىن باش تارتىدۇ.

مانا بۇ «ئۈچ باھادىر»نىڭ كۆرسەتكەن جەسۇرلۇقلىرىدۇر. 20يوئابنىڭ ئاكىسى ئابىشاي «ئوتتۇز باھادىر»نىڭ بېشى ئىدى. ئۇ نەيزىسىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ، بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا ئۈچ يۈز ئادەمنى ئۆلتۈرىدۇ ۋە «ئۈچ باھادىر»دەك شۆھرەتكە ئېرىشىدۇ. 21ئۇ «ئوتتۇز باھادىر»نىڭ ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىقى بولۇپ، ئۇلارنىڭ بېشى ئىدى. بىراق ئۇ «ئۈچ باھادىر»نىڭ ئىچىدە ئەمەس ئىدى.

22يىھويادانىڭ ئوغلى قابزىئېللىق بىنايا جەسۇر جەڭچى بولۇپ، نۇرغۇن چوڭ ئىشلارنى قىلىدۇ. ئۇ موئابلارنىڭ كۈچلۈك لەشكىرىدىن ئىككىنى ئۆلتۈرىدۇ. قار ياغقان بىر كۈنى ئۇ ئورىغا چۈشۈپ، بىر شىرنى ئۆلتۈرىدۇ. 23ئۇ يەنە بويىنىڭ ئېگىزلىكى ئىككى يېرىم مېتىر كېلىدىغان بىر مىسىرلىقنى ئۆلتۈرىدۇ. ئۇ مىسىرلىقنىڭ قولىدا بىر نەيزە بولۇپ، نەيزىسىنىڭ دەستىسى رەخت توقۇيدىغان دەستىگاھنىڭ ئوقىدەك توم ئىدى. بىنايا مىسىرلىقنىڭ يېنىغا كالتەك بىلەنلا ھۇجۇم قىلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ قولىدىكى نەيزىسىنى تارتىۋېلىپ، ئاشۇ نەيزە بىلەن ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ. 24بۇلار يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايانىڭ قىلغان ئىشلىرىدۇر. شۇڭا ئۇمۇ «ئۈچ باھادىر»دەك شۆھرەتكە ئېرىشىدۇ. 25ئۇنىڭ داڭقى «ئوتتۇز باھادىر»نىڭكىدىن ئۈستۈن بولسىمۇ، بىراق «ئۈچ باھادىر»نىڭ ئىچىدە ئەمەس ئىدى. داۋۇت بىنايانى ياساۋۇللار باشلىقى قىلىدۇ.

26تۆۋەندىكىلەرمۇ داۋۇتنىڭ باھادىرلىرىدىن ئىدى:

يوئابنىڭ ئىنىسى ئاسائېل،

دودونىڭ ئوغلى بەيتلەھەملىك ئەلخانان،

27ھارورلۇق شامموت،

پېلونلۇق خەلەز،

28ئىققېشنىڭ ئوغلى تىقوۋالىق ئىرا،

ئاناتوتلۇق ئابىئەزەر،

29خۇشاھلىق سىببىكاي،

ئاخوۋاخلىق ئىلاي،

30نىتوفالىق ماھراي،

بائانانىڭ ئوغلى نىتوفالىق خېلەد،

31بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان گىبئاھلىق رىباينىڭ ئوغلى ئىتاي،

پىرئاتونلۇق بىنايا،

32گائاش سايلىقىدىن كەلگەن خۇراي،

ئارابالىق ئابىئېل،

33باخۇرىملىق ئازماۋەت،

شائالبىملىق ئەلياخبا،

34گىزونلۇق ھاشېمنىڭ ئوغۇللىرى،

شاگېنىڭ ئوغلى ھارارلىق يوناتان،

35ساكارنىڭ ئوغلى ھارارلىق ئاخىئام،

ئۇرنىڭ ئوغلى ئېلىفال،

36مىكېرالىق خېفەر،

پېلونلۇق ئاخىيا،

37كارمەللىك خەزرو،

ئەزبانىڭ ئوغلى نائاراي،

38ناتاننىڭ ئىنىسى يوئېل،

ھاگرىنىڭ ئوغلى مىبخار،

39ئاممونلاردىن بولغان زەلەق،

بەئەروتلۇق ناخراي (ناخراي زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئابنىڭ ياراغ كۆتۈرگۈچىسى ئىدى)،

40يىترىلاردىن بولغان ئىرا بىلەن گارېب،

41خىتلاردىن بولغان ئۇرىيا،

ئاخلاينىڭ ئوغلى زاباد،

42شىزانىڭ ئوغلى ھەمدە رۇبېن قەبىلىسىنىڭ يېتەكچىسى بولغان ئادىنا ۋە ئۇنىڭ ئوتتۇز لەشكىرى،

43مائاكانىڭ ئوغلى خانان،

مىتانلىق يوشافات،

44ئاشتاروتلۇق ئۇززىيا،

ئاروئېرلىق خوتامنىڭ ئوغۇللىرى شاما بىلەن يىئىئېل،

45شىمرىنىڭ ئوغلى يىدىئائېل بىلەن ئۇنىڭ ئىنىسى تىزلىق يوخا،

46ماخاۋىلىق ئەلىئېل،

ئەلنائامنىڭ ئوغۇللىرى يىرىبا بىلەن يوشاۋيا،

موئابلىق يىتماھ،

47ئەلىئېل، ئوبېد ۋە مىزوبايالىق يائاسىئېل.

12

داۋۇتقا قوشۇلغان باھادىرلار

1داۋۇت كىشنىڭ ئوغلى سائۇل پادىشاھتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ زىقلاقتا مۆكۈنۈۋالغاندا، داۋۇتنىڭ جەڭ قىلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن باھادىرلاردىن بىر تۈركۈم ئادەملەر كېلىشتى. 2ئۇلار ئوڭ قولى بىلەنمۇ، سول قولى بىلەنمۇ ئوقيا ۋە سالغا ئېتىشقا ماھىر بولغان بىنيامىن قەبىلىسىدىن، يەنى سائۇلنىڭ جەمەتىدىن ئىدى. 3ئۇلارنىڭ بېشى بولغان ئاخىئەزەر ۋە يوئاشلار گىبئاھلىق شىمائانىڭ ئوغۇللىرى ئىدى.

ئۇلاردىن كېيىن ئازماۋەتنىڭ ئوغۇللىرى يىزىئېل بىلەن پەلەت، بىراكا، ئاناتوتلۇق يېھۇ ۋە 4گىبئونلۇق يىشمايا ئىدى. يىشمايا «ئوتتۇز باھادىر» جەڭچىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ يېتەكچىسى ئىدى.

يەنە يەرەمىيا، ياخازىئېل، يوخانان، گىدېرالىق يوزاباد،

5ئەلۇزاي، يىرىموت، بىئاليا، شىماريا، خارۇفلۇق شىفاتيا،

6كوراھلاردىن بولغان ئەلقانا، يىششىيا، ئازارئېل، يوئەزەر بىلەن ياشوبئام،

7يەنە گىدورلۇق يىروخامنىڭ ئوغۇللىرى يوئېلا بىلەن زىباديا بار ئىدى.

8گاد قەبىلىسىدىن ئۇرۇشقا ماھىر باتۇر جەڭچىلەر داۋۇت تەرەپكە ئۆتمەكچى بولۇپ، ئۇنىڭ قاقاسلىقتىكى غارىغا باردى. ئۇلار قالقان ۋە نەيزە ئىشلىتىشكە ماھىر بولۇپ، ئۇلارنىڭ قىياپىتى خۇددى شىرغا، يۈگۈرۈشى گويا تاغ ئۈستىدىكى جەرەنگە ئوخشايتتى.

9ئۇلارنىڭ بېشى ئەزەر،

ئىككىنچىسى ئوبادىيا،

ئۈچىنچىسى ئەلىئاب،

10تۆتىنچىسى مىشماننا،

بەشىنچىسى يەرەمىيا،

11ئالتىنچىسى ئاتتاي،

يەتتىنچىسى ئەلىئېل،

12سەككىزىنچىسى يوخانان،

توققۇزىنچىسى ئەلزاباد،

13ئونىنچىسى يەرەمىيا،

ئون بىرىنچىسى ماكبانناي ئىدى.

14بۇ گاد قەبىلىسىدىن بولغانلار قوشۇننىڭ سەركەردىلىرى بولۇپ، ئەڭ ئاجىزلىرى يۈز ئادەمگە، ئەڭ كۈچلۈكلىرى مىڭ ئادەمگە باشچىلىق قىلاتتى. 15ئەتىيازدا ئىئوردان دەرياسىدىكى سۇلار كۆپىيىپ قىرغاقلىرىدىن تاشقاندا، دەريادىن ئۆتۈپ، جىلغىنىڭ شەرقى ۋە غەربىدىكى كىشىلەرنى قوغلىۋەتكەنلەر دەل مۇشۇ ئادەملەر ئىدى.

16بىنيامىن بىلەن يەھۇدا قەبىلىلىرىدىن بىر قىسىم كىشىلەر غاردا تۇرىدىغان داۋۇتنىڭ يېنىغا كېلىشتى. 17داۋۇت سىرتقا چىقىپ، ئۇلارنى كۈتۈۋالدى، ھەمدە:

_ سىلەر ئەگەر تىنچلىق ئۈچۈن ماڭا ياردەم بېرىشكە كەلگەن بولساڭلار، مەن سىلەر بىلەن بىر نىيەتتىدۇرمەن. ئەگەر سىلەر مەندەك بىر گۇناھسىزنى دۈشمەنلىرىمگە ساتماقچى بولۇپ كەلگەن بولساڭلار، ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا بۇنى كۆرۈپ ھۆكۈم چىقارسۇن، _ دېدى.

18شۇ چاغدا خۇدانىڭ روھى ھېلىقى «ئوتتۇز باھادىر»نىڭ بېشى ئاماسايغا چۈشتى. ئاماساي:

_ ئەي داۋۇت، بىز ساڭا تەئەللۇقمىز، ئەي يىشاينىڭ ئوغلى، سەن بىلەن بىللىدۇرمىز! ساڭا ۋە ساڭا ياردەم قىلغانلارغىمۇ تىنچ-ئامانلىق يار بولغاي! چۈنكى سېنىڭ خۇدايىڭ ساڭا ياردەم قىلغۇچىدۇر، _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئۇلارنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى لەشكەرلەرنىڭ باشلىقلىرى قىلىپ تەيىنلىدى.

19داۋۇت فىلىستىيەلىكلەر بىلەن بىرلىكتە سائۇلغا قارشى ئۇرۇشقا ئاتلانغاندا، ماناسسە قەبىلىسىنىڭ بەزىلىرى داۋۇت تەرەپكە ئۆتتى. (لېكىن ئاخىردا فىلىستىيەلىكلەر داۋۇتنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلمىدى، چۈنكى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەگلىرى مەسلىھەتلىشىپ: «ئەگەر داۋۇت ئۆز غوجايىنى سائۇل تەرەپكە ئۆتۈۋالسا، بېشىمىز كېتىدۇ!» دەپ ئۇلارنى قايتۇرۇۋەتتى.)

20داۋۇت زىقلاققا قايتىپ ماڭغاندا، ئۇنىڭغا ماناسسە قەبىلىسىدىن قوشۇلۇۋالغانلارنىڭ ئىسىملىرى تۆۋەندىكىچە: ئادناخ، يوزاباد، يىدىئائېل، مىكائىل، يوزاباد، ئەلىھۇ ۋە زىللىتاي. بۇلارنىڭ ھەممىسى ماناسسە قەبىلىسىنىڭ مىڭباشلىرى ئىدى. 21ئۇلار داۋۇتنىڭ قاراقچىلارغا قارشى ئۇرۇشىغا ياردەم قىلدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى باتۇر جەڭچىلەر ئىدى. ئۇلار كېيىن داۋۇت قوشۇنىنىڭ سەركەردىلىرىگە ئايلاندى. 22داۋۇتقا ياردەم بەرگىلى كەلگەنلەر كۈندىن-كۈنگە ئۇنىڭ قوشۇنىغا قوشۇلۇپ، ئۇنىڭ قوشۇنى خۇددى خۇدانىڭ قوشۇنىدەك بۈيۈك بىر قوشۇنغا ئايلانغانىدى.

23پەرۋەردىگارنىڭ ۋەدە قىلغىنى بويىچە سائۇلنىڭ پادىشاھلىقىنى داۋۇتقا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا قوشۇلماق بولۇپ، ھىبرونغا كەلگەن قوراللىق لەشكەرنىڭ سانلىرى تۆۋەندىكىچە:

24يەھۇدا قەبىلىسىدىن قالقان ۋە نەيزە بىلەن قوراللانغان 800‏6 جەڭچى.

25شىمون قەبىلىسىدىن 100‏7 باتۇر جەڭچى.

26لاۋىي قەبىلىسىدىن 4600 جەڭچى بولۇپ، 27ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھارۇنلارنىڭ جەمەت باشلىقى بولغان يىھويادا ۋە ئۇنىڭ 3700 ئادىمى شۇنداقلا 28ياش باتۇر زادوق ۋە ئۇنىڭ جەمەتىدىن كەلگەن 22 سەركەردىمۇ بار ئىدى.

29بىنيامىن قەبىلىسىدىن، سائۇلنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىنمۇ 3000 جەڭچى، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى شۇ ۋاقىتقىچە سائۇل جەمەتىگە سادىق بولۇپ كەلگەنىدى.

30ئەفرايىم قەبىلىسىدىن 20,800 جەڭچى، بۇلار ئۆز جەمەتلىرىدە يۈز-ئابرۇي تاپقان باتۇر جەڭچىلەر ئىدى.

31ماناسسە قەبىلىسىنىڭ غەربىي يېرىمىدىن 18,000 جەڭچى. ئۇلار داۋۇتنى پادىشاھ قىلىش ئۈچۈن ئالايىتەن تاللىنىپ كەلگەنىدى.

32ئىسساكار قەبىلىسىدىن ۋەزىيەتنى چۈشىنىدىغان، ئىسرائىللارنىڭ قانداق قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلىدىغان 200 باشچى بىلەن ئۇلارنىڭ قول ئاستىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى.

33زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن جەڭگە تەييار 50,000 جەڭچى. ئۇلار ھەر خىل قورال-ياراغلار بىلەن جەڭگە تەييارلانغان بولۇپ، داۋۇتقا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ياردەم قىلماقچى ئىدى.

34نافتالى قەبىلىسىدىن 1000 سەركەردە ۋە ئۇلارنىڭ قول ئاستىدىكى قالقان ۋە نەيزە بىلەن قوراللانغان 37,000 جەڭچى.

35دان قەبىلىسىدىن جەڭگە تەييار 28,600 جەڭچى.

36ئاشېر قەبىلىسىدىن جەڭگە تەييار 40,000 جەڭچى.

37ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى رۇبېن، گاد ھەم ماناسسە قەبىلىسىنىڭ يېرىمىدىن ھەر خىل قورال-ياراغلار بىلەن قوراللانغان 120,000 جەڭچى.

38يۇقىرىدا دېيىلگەندەك بۇ لەشكەرلەرنىڭ ھەممىسى داۋۇتنى پۈتۈن ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھى قىلىش ئۈچۈن بىر نىيەتتە بولۇپ، سەپ تۈزۈشۈپ ھىبرونغا كەلدى. قالغان پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىمۇ داۋۇتنى پادىشاھ قىلىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلاشقانىدى. 39ئۇلار شۇ يەردە قېرىنداشلىرى تەييارلاپ قويغان غىزالارنى داۋۇت بىلەن ئۈچ كۈن يەپ-ئىچىشتى. 40قېرىنداشلىرى، ھەتتا ئىسساكار، زەبۇلۇن ۋە نافتالىدەك يىراقتا تۇرىدىغان قەبىلىلەرمۇ ئېشەك، تۆگە، قېچىر ۋە بۇقىلارغا ئوزۇق-تۈلۈك ئارتىپ، يەنى زور مىقداردا ئۇن، ئەنجۈر قېقى، كىشمىش، شاراب، زەيتۇن يېغى، كالا ۋە قويلارنى ئېلىپ كەلگەنىدى. چۈنكى ئىسرائىلىيە شاد-خۇراملىققا چۆمگەنىدى.

13

ئەھدە ساندۇقىنىڭ يېرۇسالېمغا ئېلىپ كېلىنىشى

1داۋۇت مىڭبېشى ۋە يۈزباشلىرىنىڭ ھەممىسى بىلەن مەسلىھەتلەشتى. 2‏-3ئاندىن داۋۇت پۈتۈن ئىسرائىل جامائىتىگە مۇنداق دېدى:

_ ئەگەر سىلەر مۇۋاپىق كۆرسەڭلار ۋە پەرۋەردىگارىمىز خۇدا ئىرادە قىلسا، بىز ئىسرائىلىيەنىڭ ھەممە يۇرتلىرىدا ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا جۈملىدىن شەھەرلەر ۋە ئوتلاقلاردا تۇرۇۋاتقان روھانىيلار بىلەن لاۋىيلارغا: «ئالدىمىزغا يىغىلىپ كېلىڭلار» دەپ خەۋەر يەتكۈزەيلى. بىز خۇدايىمىزنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى بۇ يەرگە قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلەيلى، چۈنكى پادىشاھ سائۇلنىڭ دەۋرىدە بىز خۇدايىمىزنىڭ ئەھدە ساندۇقى بىلەن ھېچ كارىمىز بولمىغانىدى.

4بۇ ئىشنى پۈتۈن جامائەت توغرا دەپ قارىغاچقا، ھەممەيلەن ماقۇل بولۇشتى.

ئۇززا ۋە ئەھدە ساندۇقى

5شۇڭا داۋۇت خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قىريات-يىئارىم شەھىرىدىن ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن مىسىرنىڭ شىخور دەرياسىدىن تاكى لىبو-خاماتقىچە بولغان ئارىلىقتىكى پۈتۈن ئىسرائىللارنى يىغدى. 6داۋۇت پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن پۈتۈن ئىسرائىللارنى باشلاپ، يەھۇدىيەنىڭ بائالا شەھىرىگە، يەنى قىريات-يىئارىم شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقتى. پەرۋەردىگارنىڭ تەختى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۈستىدىكى ئىككى كېرۇبنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، ئۇنىڭ نام-شەرىپى ئەھدە ساندۇقىدا ئىدى. 7ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئابىنادابنىڭ ئۆيىدىن كۆتۈرۈپ چىقىپ، يېڭى بىر ھارۋىنىڭ ئۈستىگە قويدى. ئۇززا ۋە ئاخىيو ھارۋىنى ھەيدەپ ماڭدى. 8داۋۇت ۋە پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا لىرا، چىلتار، داپ، جاڭ ۋە كانايلارنى چېلىپ، ھاياجان بىلەن ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناۋاتاتتى.

9ئۇلار كىدوننىڭ خامىنىغا كەلگەندە كالا پۇتلىشىپ، خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى چۈشۈپ كېتەي دېگەندە، ئۇززا قولىنى ئۇزىتىپ، ئۇنى يۆلۈۋالدى. 10ئۇ ئەھدە ساندۇقىغا خالىغانچە قولىنى تەگكۈزگەنلىكى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى كېلىپ، ئۇنىڭ جېنىنى ئالدى. ئۇ خۇدانىڭ ئالدىدا جان بەردى. 11داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئۇززانى جازالىغانلىقىغا خاپا بولۇپ، ئۇ يەرنى «پەرەس-ئۇززا» [مەنىسى «ئۇززانىڭ جازالىنىشى»] دەپ ئاتىدى. ئۇ يەر ھازىرغىچە شۇ نام بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە.

12شۇ كۈنى داۋۇت خۇدادىن قورقۇپ: «خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىغا قاراش ۋەزىپىسىنى قانداق قىلىپ ئۈستۈمگە ئالالايمەن؟» دەپ ئويلىدى. 13شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەھدە ساندۇقىنى ئۆزى تۇرۇۋاتقان داۋۇت شەھىرىگە ئەكەلمەي، ئۇنى گاتلىق ئوبېد-ئىدومنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدى. 14خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئوبېد-ئىدومنىڭ ئۆيىدە ئۈچ ئاي تۇردى، پەرۋەردىگار ئوبېد-ئىدومنىڭ ئۇرۇق-جەمەتى ۋە پۈتۈن مال-مۈلكىگە بەرىكەت ئاتا قىلدى.

14

داۋۇتنىڭ يېرۇسالېمدىكى پائالىيەتلىرى

1تىر پادىشاھى ھىرام داۋۇتقا ئوردا سېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئەلچىلەرنى ئەۋەتتى ۋە ئۇلار بىلەن بىرگە كېدىر ياغاچلىرى، تاشچىلار ۋە ياغاچچىلارنىمۇ ئەۋەتتى. 2شۇنىڭ بىلەن داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىنى ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ قىلغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئۆز خەلقى ئىسرائىللار ئۈچۈن ئۆزىنىڭ پادىشاھلىقىنى گۈللەندۈرگەنلىكىنى بىلدى.

3داۋۇت يېرۇسالېمدا يەنە بىرقانچە خوتۇنلارنى ئالدى ۋە نۇرغۇن پەرزەنت كۆردى. 4يېرۇسالېمدىكى پەرزەنتلىرىنىڭ ئىسىملىرى: شاممۇۋا، شوباب، ناتان، سۇلايمان، 5يىبخار، ئەلىشۇۋا، ئەلپەلەت، 6نوگاھ، نەفەگ، يافىيا، 7ئەلىشاما، بىئەليادا ۋە ئەلىفەلەت.

داۋۇت پادىشاھنىڭ فىلىستىيەلىكلەرنى يېڭىشى

8داۋۇتنىڭ بېشىغا ياغ قۇيۇلۇپ، پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ قىلىپ تەيىنلەنگەنلىكىنى ئاڭلىغان فىلىستىيەلىكلەر لەشكەرلىرىنى داۋۇتنى تۇتۇشقا ئەۋەتتى. داۋۇت بۇنى ئاڭلاپ، ئۇلارغا قارشى جەڭگە ئاتلاندى. 9فىلىستىيەلىكلەر كېلىپ، رافائىم جىلغىسىدا بۇلاڭچىلىق قىلدى. 10داۋۇت خۇدادىن:

_ مەن فىلىستىيەلىكلەرگە قارشى جەڭگە چىقايمۇ؟ ئۇلارنى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇرامسەن؟ _ دەپ سورىدى.

پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا:

_ جەڭگە چىق، مەن ئۇلارنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىمەن، _ دېدى.

11شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئادەملىرى بىلەن بائال-پىرازىمغا بېرىپ، فىلىستىيەلىكلەرنى مەغلۇپ قىلدى ۋە: «خۇدا مېنىڭ قولۇم بىلەن دۈشمەنلىرىم ئۈستىدىن خۇددى كەلكۈندەك بۆسۈپ ئۆتتى» دېدى. شۇڭا ئۇلار بۇ يەرگە «بائال-پىرازىم» [مەنىسى «بۆسۈپ ئۆتكۈچى ئىگە»] دېگەن نامنى بەردى. 12فىلىستىيەلىكلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇتلىرىنى شۇ يەرگە تاشلاپ قاچقانىدى. داۋۇت ئۆزىنىڭ ئادەملىرىگە بۇتلارنى كۆيدۈرۈۋېتىشنى بۇيرۇدى.

13ۋاھالەنكى، فىلىستىيەلىكلەر يەنە رافائىم جىلغىسىدا بۇلاڭچىلىق قىلدى. 14داۋۇت يەنە خۇدادىن نېمە ئىش قىلىش كېرەكلىكىنى سورىدى، خۇدا ئۇنىڭغا:

_ ئۇلارنىڭ ئالدى تەرىپىدىن بارماي، ئارقىسىغا ئايلىنىپ ئۆتۈپ، ئۇلارغا تېرەكلىكنىڭ يېنىدىن ھۇجۇم قىل. 15سەن تېرەكلەرنىڭ يۇقىرى تەرىپىدىن لەشكەرلىرىمنىڭ ئاياغ تىۋىشلىرىنى ئاڭلىشىڭ بىلەنلا تېز ھۇجۇم قىل، چۈنكى شۇ چاغدا مەن سېنىڭ ئالدىڭدا فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قوشۇنىغا قارشى ھۇجۇمغا چىققان بولىمەن، _ دېدى.

16شۇنداق قىلىپ ئۇلار خۇدانىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئىش تۇتۇپ، فىلىستىيەلىكلەرنى گىبئوندىن گەزەرگىچە قوغلاپ بېرىپ، قىردى. 17داۋۇتنىڭ شۆھرىتى ھەممە يۇرتلارغا تارقالدى ۋە پەرۋەردىگار ھەممە خەلقلەرنى ئۇنىڭدىن قورقىدىغان قىلىپ قويدى.

15

ئەھدە ساندۇقىنىڭ يېرۇسالېمغا ئېلىپ كېلىنىشى

1داۋۇت ئۆزىگە داۋۇت شەھىرىدە ئوردىلارنى سالدۇردى. كېيىن يەنە خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئۈچۈن ئورۇن تەييارلاپ بىر چېدىر تىكتۈردى. 2ئاندىن داۋۇت مۇنداق دېدى:

_ خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى لاۋىيلاردىن باشقا ھېچكىم كۆتۈرسە بولمايدۇ، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆزى ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈشكە ۋە ھەمىشە ئۆزىنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا دەل شۇلارنى تاللىغانىدى.

3داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى تەييارلانغان ئورۇنغا ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن، پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىنى يېرۇسالېمغا يىغدى. 4ئۇ يەنە ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن لاۋىيلارنى چاقىرتىپ كەلدى:

5قوھاتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن: جەمەت باشلىقى ئۇرىئېل ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن 120 كىشى،

6مىرارىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن: جەمەت باشلىقى ئاسايا ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن 220 كىشى،

7گېرشوننىڭ ئەۋلادلىرىدىن: جەمەت باشلىقى يوئېل ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن 130 كىشى،

8ئەلىزافاننىڭ ئەۋلادلىرىدىن: جەمەت باشلىقى شىمايا ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن 200 كىشى،

9ھىبروننىڭ ئەۋلادلىرىدىن: جەمەت باشلىقى ئەلىئېل ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن 80 كىشى،

10ئۇززىئېلنىڭ ئەۋلادلىرىدىن: جەمەت باشلىقى ئاممىناداب ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن 112 كىشى.

11داۋۇت روھانىي زادوق بىلەن روھانىي ئەبىياتار ھەم لاۋىيلاردىن بولغان ئۇرىئېل، ئاسايا، يوئېل، شىمايا، ئەلىئېل بىلەن ئاممىنادابلارنى چاقىرتىپ، 12ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ سىلەر لاۋىي قەبىلىسىنىڭ باشلىقلىرىسىلەر. شۇڭا سىلەر قېرىنداشلىرىڭلار بىلەن بىللە ئۆزلىرىڭلارنى پاكلاپ، پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى مەن تەييارلىغان ئورۇنغا ئېلىپ كېلىڭلار. 13ئالدىنقى قېتىم سىلەر ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ باقمىدىڭلار، بىزمۇ پەرۋەردىگار خۇدايىمىزدىن ئەھدە ساندۇقىنى قانداق كۆتۈرۈپ، ئېلىپ كېلىشىمىزنى سوراپ باقمىدۇق، شۇڭا پەرۋەردىگار بىزگە غەزىپىنى ياغدۇردى. 14شۇنىڭ بىلەن روھانىيلار بىلەن لاۋىيلار پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئۆزلىرىنى پاكلىدى. 15لاۋىيلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق بەرگەن بۇيرۇقى بويىچە خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى بالداقلار بىلەن مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ ماڭدى.

16داۋۇت يەنە لاۋىيلارنىڭ ئاقساقاللىرىغا ئۆز قېرىنداشلىرىدىن نەغمىچىلەر تەيىنلەشنى بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ چىلتار، لىرا، جاڭ قاتارلىق سازلارنى چېلىپ، شاد-خۇراملىق ئىلكىدە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن كۈي ئېيتىشىنى تاپىلىدى. 17لاۋىيلار تۆۋەندىكى ئادەملەرنى تاللىدى: يوئېلنىڭ ئوغلى ھېماننى، شۇنداقلا ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن بەرەكيانىڭ ئوغلى ئاسافنى ۋە ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى بولغان مىرارىلاردىن قۇشايانىڭ ئوغلى ئېتاننى. 18ئۇلار يەنە لاۋىيلاردىن تۆۋەندىكى ئادەملەرنى ئۇلارغا ياردەمچى قىلدى: زىكىرىيا، يائازىئېل، شىمىراموت، يىخىئېل، ئۇننى، ئەلىئاب، بىنايا، مائاسېيا، ماتتىتيا، ئەلىفىلېھۇ، مىقنېيا، ۋە دەرۋازىۋەنلەردىن ئوبېد-ئىدوم ۋە يىئىئېل.

19نەغمىچى ھېمان، ئاساف بىلەن ئېتان تۇچ جاڭلارنى چېلىشقا تەيىنلەندى. 20زىكىرىيا، ئازىئېل، شىمىراموت، يىخىئېل، ئۇننى، ئەلىئاب، مائاسېيا بىنايالار يۇقىرى ئاۋازلىق چىلتار چېلىشقا تەيىنلەندى. 21ماتتىتيا، ئەلىفىلېھۇ، مىقنېيا، ئوبېد-ئىدوم، يىئىئېل ۋە ئازازيالار تۆۋەن ئاۋازلىق چىلتار چېلىشقا تەيىنلەندى. 22لاۋىيلارنىڭ بېشى بولغان كىنانيانىڭ كەسپىي قابىلىيىتى يۇقىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ناخشا ئېيتقۇچىلارغا مەسئۇل قىلىندى.

23بەرەكيا بىلەن ئەلقانا ئەھدە ساندۇقى بار ئۆينىڭ ئىشىك قارىغۇچىسى بولدى. 24شىبانيا، يوشافات، نىتانئېل، ئاماساي، زىكىرىيا، بىنايا، ئەلىئەزەر قاتارلىق روھانىيلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا كاناي چېلىشقا بەلگىلەندى. ئوبېد-ئىدوم بىلەن يىخىيامۇ ئەھدە ساندۇقى بار ئۆينىڭ ئىشىك قارىغۇچىسى بولدى.

25شۇنىڭ بىلەن داۋۇت، ئىسرائىل ئاقساقاللىرى ۋە مىڭباشلىرى بىلەن بىرگە ئوبېد-ئىدومنىڭ ئۆيىدىن ئەھدە ساندۇقىنى خۇشال ھالدا ئېلىپ چىقتى. 26پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ماڭغان لاۋىيلارغا خۇدا ياردەم بەرگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلار يەتتە بۇقا بىلەن يەتتە قوچقارنى قۇربانلىق قىلدى. 27شۇ ۋاقىتتا داۋۇت كەندىردىن نەپىس توقۇلغان تون كىيىۋالغانىدى. ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگۈچى لاۋىيلار، نەغمىچىلەر ۋە ناخشا ئېيتقۇچىلارنىڭ يېتەكچىسى بولغان كىنانيامۇ ئوخشاشلا كەندىردىن توقۇلغان تونلارنى كىيىشىۋالغانىدى. داۋۇت يەنە كەندىر رەختتىن تىكىلگەن ئېفود* كىيىۋالغانىدى. 28شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ئەھدە ساندۇقىغا ئەگىشىپ خۇشال ھالدا چۇقان سېلىشىپ، بۇرغا، كاناي، جاڭ، چىلتار ۋە لىرا چېلىشتى.

29پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى داۋۇت شەھىرىگە كىرگەن ۋاقىتتا، سائۇلنىڭ قىزى مىكال دېرىزىدىن داۋۇت پادىشاھنىڭ ئۇسسۇل ئويناپ تەنتەنە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كۆڭلىدە ئۇنى مەنسىتمىدى.



*27ئېفود _ باش روھانىيلار خۇداغا خىزمەت قىلغان چاغدا كىيىدىغان كىيىم. «تەۋرات. مىسىردىن چىقىش» 28-باب، 6-ئايەتتىن 14-ئايەتكىچە قارالسۇن.


 

16

ئەھدە ساندۇقىنىڭ چېدىرغا ئەكىرىپ قويۇلۇشى

1ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى داۋۇت ئۇنىڭغا ئاتاپ تىكتۈرگەن چېدىرغا ئەكىرىپ قويدى. ئۇلار خۇداغا ئاتاپ كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرى قىلدى. 2شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت خەلققە پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن بەخت تىلىدى. 3يەنە پۈتۈن خەلققە، ئەر-ئايال دېمەي ھەربىر ئادەمگە بىردىن نان، خورما قېقى ۋە كىشمىش ئۈلەشتۈرۈپ بەردى.

4داۋۇت بىر قىسىم لاۋىيلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا خىزمەتتە بولۇشقا، يەنى دۇئا-تىلاۋەت قىلىشقا، ئىسرائىلنىڭ پەرۋەردىگارى خۇداغا رەھمەت-تەشەككۈر ئېيتىشقا ۋە مەدھىيە ئوقۇشقا تەيىنلىدى. 5ئۇلارنىڭ بېشى ئاساف بولۇپ، ئۇنىڭ ياردەمچىسى زىكىرىيا ئىدى. ئۇلاردىن باشقىلىرى يىئىئېل، شىمىراموت، يىخىئېل، ماتتىتيا، ئەلىئاب، بىنايا، ئوبېد-ئىدوم ۋە يىئىئېللار ئىدى. ئۇلار چىلتار ۋە لىرا چېلىشقا بۇيرۇلدى. ئاساف جاڭ چالماقچى بولدى. 6بىنايا بىلەن ياخازىئېل دېگەن ئىككى روھانىي خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا ھەر دائىم كاناي چېلىشقا بۇيرۇلدى.

داۋۇتنىڭ مەدھىيە كۈيى

7شۇ كۈنى داۋۇت تۇنجى قېتىم ئاساف ۋە قېرىنداشلىرىنى پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئېيتىشقا بەلگىلىدى:

8پەرۋەردىگارغا شۈكۈرلەر ئېيتىڭلار،

ئۇنىڭ شەنىگە مەدھىيەلەر ئوقۇڭلار،

كارامەتلىرىنى ئەللەر ئارا بايان قىلىڭلار!

9خۇدانى كۈيلەڭلار قېتىپ ناخشا-نەغمىگە،

مۆجىزىلىرىنى ئۇنىڭ جاكارلاڭلار ھەممىگە.

10ئۇلۇغلاڭلار مۇقەددەس خىسلەتلىرىنى خۇدانىڭ،

قەلبى شادلانسۇن پەرۋەردىگارنى سېغىنغانلارنىڭ.

11تەلپۈنۈڭلار خۇدانىڭ قۇدرىتىگە-كۈچىگە،

ئىنتىلىڭلار ھەم ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا-مېھرىگە.

12ئېسىڭلاردا بولسۇن ئۇنىڭ كارامەتلىرى،

مۆجىزىلىرى ۋە چىقارغان ھۆكۈملىرى،

13ئى خۇدانىڭ قۇلى، ئىسرائىلنىڭ نەسىللىرى،

ئۇ ئۆزى تاللىغان ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى.

14ئۇ پەرۋەردىگاردۇر، ئۇ بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر،

ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى ھەممە يەردە كۈچكە ئىگىدۇر.

15ئۇنىڭ تۈزگەن ئەھدىسى ئەبەدىي يادىدىدۇر،

بۇ ئۇنىڭ ئاداققىچە ۋەدە قىلغان سۆزىدۇر.

16پەرۋەردىگار ئىبراھىم بىلەن ئەھدە تۈزگەنىدى،

ئىسھاققىمۇ قەسەم ئىچكەنىدى.

17ئۇ بۇنى ياقۇپقىمۇ نىزام قىلىپ بەرگەنىدى.

ئىسرائىلغا* مەڭگۈلۈك ئەھدە قىلىپ مۇنداق دېگەنىدى:

18«كەنئان زېمىنىنى سېنىڭ مۈلكۈڭ قىلىمەن،

ئۇنى ساڭا تەئەللۇق نېسىۋەڭ قىلىمەن.»

19ئۇ چاغدا ئۇلار ناھايىتى ئاز سانلىق ئىدى،

نەزەردە يوق ھەم مۇساپىر ئىدى.

20ئۇلار يۇرتمۇ-يۇرت سەرسان ئىدى،

ئەلدىن-ئەلگە كېزەر ئىدى.

21خۇدا ھېچكىمنىڭ ئۇلارنى ئېزىشىگە يول قويمىدى،

ئۇلارنى دەپ، پادىشاھلارنىمۇ مۇنداق ئاگاھلاندۇردى:

22«مېنىڭ تاللىغانلىرىمغا چېقىلماڭلار،

پەيغەمبەرلىرىمگە زىيانكەشلىك قىلماڭلار.»

23ناخشا ئېيتىڭلار پەرۋەردىگارغا،

ئەي جاھان ئەھلى، بايان ئەيلەپ ھەر كۈنى ئۇنىڭ نىجاتلىقىنى.

24تارقىتىڭلار شان-شەرىپىنى ئەللەر ئارا،

ئاجايىپ ئىشلىرىنى خەلق ئارا.

25ئۇلۇغ بولغاچ پەرۋەردىگار دائىما،

ئۇ لايىقتۇر ھەسسىلەپ مەدھىيەلىنىشكە،

ئۈستۈن بولغاچ ئۇ بارلىق «ئىلاھلار»دىن،

پەقەت ئۇلا ئەرزىيدۇ ئەيمىنىشكە.

26پەقەت بۇتتۇر باشقىلارنىڭ ئىلاھلىرى،

ئەمما خۇدا ياراتقاندۇر ئەرشلەرنى.

27ئوراپ تۇرار شان-شەرەپ ۋە بۈيۈكلۈك ئۇنى،

قۇدرەت ۋە شاد-خۇراملىققا تولغاندۇر ئۇنىڭ تۇرارگاھى.

28تەرىپلەڭلار ئەي ئەل-قوۋملار پەرۋەردىگارنى،

كۈيلەڭلار ئۇنىڭ شان-شۆھرەت ۋە قۇدرىتىنى.

29‏-30پەرۋەردىگار شەرىپىگە مۇناسىپ ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار،

خۇدانىڭ ھۇزۇرىغا ھەدىيە بىلەن كىرىڭلار.

ئەي جاھان ئەھلى، پەرۋەردىگاردىن قورقۇڭلار،

پارلاق، مۇقەددەس پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلىڭلار،

بەرھەق، دۇنيا مۇستەھكەم، تەۋرەنمەستۇر.

31شادلانسۇن يەر-جاھان، خۇش بولسۇن ئاسمانلار،

ئېيتىشسۇن ئەللەر ئارا: «پەرۋەردىگار ئەڭ ئالىي ھۆكۈمراندۇر.»

32تەنتەنە قىلىشسۇن دېڭىز ۋە ئۇنىڭدىكى جانلىقلار،

يايرىسۇن دالىلار، ئۇنىڭدىكى چارۋىلار.

33ناخشا ئېيتسۇن ئىگىمىز ئالدىدا ئورمانلار،

چۈنكى پەرۋەردىگار جەزمەن كېلىدۇ دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا.

34پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار،

چۈنكى ئۇ شاپائەتلىكتۇر،

ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر.

35يەنە شۇنداق دەپ ئېيتىڭلار:

_ ئى نىجاتكار بولغان خۇدايىمىز،

قۇتقۇزغىن بىزنى،

يات ئەللەر ئارىسىدىن قايتا يىغىپ ئەكەلگىن بىزلەرنى.

شۇندا سېنى مەدھىيەلەيلى، كۈيلەيلى،

شۇ مۇقەددەس نامىڭغا شۈكۈر-رەھمەت ئېيتايلى.

36مەدھىيەلەنگەي مەڭگۈدىن-مەڭگۈگە،

ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار!

ئاندىن كېيىن پۈتۈن خالايىقلار «ئامىن» دېيىشىپ، پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇشتى.

37داۋۇت، ئاساف بىلەن ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنى ھەر كۈنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا داۋاملىق خىزمەتتە بولۇش ۋەزىپىسىگە قالدۇرۇپ قويدى. 38ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئوبېد-ئىدوم بىلەن ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن ئاتمىش سەككىز كىشى بار ئىدى. شۇنىڭدەك يىدۇتۇننىڭ ئوغلى ئوبېد-ئىدوم بىلەن خوساھ دەرۋازىۋەنلىككە قويۇلدى.

39داۋۇت روھانىي زادوق بىلەن ئۇنىڭ روھانىي قېرىنداشلىرىنى گىبئوندىكى مۇقەددەس جايغا تىكىلگەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىدا خىزمەت قىلىشقا تەيىنلىدى. 40ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا چۈشۈرگەن تەۋرات قانۇنىدا يېزىلغىنى بويىچە ھەر كۈنى ئەتىگىنى، ئاخشىمى قۇربانلىق سۇپىسى ئۈستىدە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى سۇنۇشقا بۇيرۇلدى. 41ئۇلار بىلەن بىللە بولغانلار، يەنى ھېمان، يىدۇتۇن ۋە قالغان تاللانغانلار، شۇنداقلا بارلىق ئىسمى تىزىملانغانلار پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئېيتىشقا بۇيرۇلدى، چۈنكى «ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر». 42ھېمان ۋە يىدۇتۇن بولسا سازەندىلىككە، جۈملىدىن كاناي، جاڭ ۋە خۇدا ئۈچۈن چېلىنىدىغان بارلىق سازلارنى چېلىپ، مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئوقۇشقا مەسئۇل قىلىندى. يىدۇتۇننىڭ ئوغۇللىرى دەرۋازىغا قاراشقا قويۇلدى.

43شۇنىڭدىن كېيىن كۆپچىلىك ئۆز ئۆيلىرىگە قايتىشتى، داۋۇتمۇ ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرگە بەخت تىلەشكە قايتتى.



*17ئىسرائىل _ ياقۇپ پەيغەمبەرنىڭ يەنە بىر ئىسمى.


 

17

پەرۋەردىگارنىڭ داۋۇت پادىشاھقا بەرگەن ۋەدىسى

1ئۇ چاغلاردا پادىشاھ داۋۇت ئۆز ئوردىسىدا تۇراتتى. بىر كۈنى داۋۇت ناتان ئىسىملىك پەيغەمبەرگە:

_ قاراڭ، مەن كېدىر ياغىچىدىن ياسالغان ئوردىدا تۇرۇۋاتىمەن، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى بولسا چېدىردا تۇرۇۋاتىدۇ، _ دېدى.

2ناتان پەيغەمبەر داۋۇتقا:

_ خۇدا سىزگە يار بولۇۋاتقاندىكىن، كۆڭلىڭىزدە قانداق ئويلىغان بولسىڭىز شۇنداق قىلىڭ، _ دېدى.

3لېكىن شۇ كۈنى كەچتە خۇدادىن ناتانغا ۋەھىي كەلدى:

4«سەن بېرىپ، خىزمەتكارىم داۋۇتقا مۇنداق دېگىن: مېنىڭ تۇرۇشۇم ئۈچۈن ئىبادەتخانىنى سەن سالمايسەن. 5مەن پەرۋەردىگار ئىسرائىل خەلقىنى مىسىردىن باشلاپ چىققان كۈندىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر ئىبادەتخانىدا تۇرۇپ باقمىدىم، بەلكى ئىبادەت چېدىرى بىلەن بىرگە كۆچۈپ، ئايلىنىپ يۈردۈم. 6مەن ئىسرائىل خەلقى بىلەن بىللە بولغان يەرلەردە خەلقىم ئىسرائىللارنى پادىچى بولۇپ باشلاپ ماڭسۇن دەپ، تەيىنلىگەن يېتەكچىلەرگە: ‹نېمە ئۈچۈن ماڭا ئاتاپ كېدىر ياغىچىدىن ئوردا سالدۇرمىدىڭلار؟› دەپ باققانمۇ؟

7مەنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، سېنى يايلاقتا قويلارنىڭ ئارقىسىدا يۈرگەن يېرىڭدىن تاللاپ، خەلقىم ئىسرائىللارغا باش بولۇشقا قويدۇم، 8قەيەرگىلا بارساڭ مەن ساڭا يار بولۇپ، ھەممە دۈشمىنىڭنى كۆز ئالدىڭدا يوقاتتىم. ئەمدى سېنىڭ نامىڭنى يەر يۈزىدىكى ئۇلۇغلارنىڭ نامىدەك ئۇلۇغ قىلىمەن.

9‏-10مەن خەلقىم ئىسرائىللارغا بىر جاي تاللاپ بېرىمەن ۋە ئۇلارنى ئۇ يەردە مۇستەھكەم تۇرغۇزىمەن. ئۇلار ئۆز ماكانىدا خېيىم-خەتەرسىز ياشايدۇ. مەن سەردارلارنى خەلقىم ئىسرائىللارغا يېتەكچىلىك قىلىشقا تەيىنلىگەن ئاشۇ زاماندىن تارتىپ باشلانغان رەزىللەرنىڭ خەلقىمگە زۇلۇم قىلىشى ئەمدى توختايدۇ. مەن بارلىق دۈشمەنلىرىڭنى ساڭا بويسۇندۇرىمەن.

ئەمدى مەن پەرۋەردىگار شۇنى جاكارلايمەنكى: مەن سېنىڭ جەمەتىڭگە بىر خانىدانلىق تىكلەپ بېرىمەن. 11سېنىڭ كۈنلىرىڭ توشۇپ، ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ يېنىغا كەتكەن چېغىڭدا، ئۆز پۇشتۇڭدىن بولغان ئوغۇللىرىڭدىن بىرىنى ئورنۇڭغا قويىمەن، ھەمدە ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەم قىلىمەن. 12ماڭا ئاتالغان ئىبادەتخانىنى ئۇ سالدۇرىدۇ، مەن ئۇنىڭ پادىشاھلىق تەختىنى مەڭگۈلۈك قىلىمەن. 13مەن ئۇنىڭغا ئاتا بولىمەن، ئۇ ماڭا ئوغۇل بولىدۇ. سەندىن ئىلگىرى پادىشاھ بولغان سائۇلنى مېھىر-مۇھەببىتىمدىن مەھرۇم قىلغانىدىم. لېكىن مېھىر-مۇھەببىتىمنى سېنىڭ پۇشتۇڭدىن ھېچقاچان ئايرىمايمەن. 14مەن ئۇنى ئۆز خانىدانلىقىم ۋە پادىشاھلىقىمدا مەڭگۈ تۇرغۇزىمەن. ئۇنىڭ پادىشاھلىق تەختىنى ئەبەدىي قىلىمەن.»

15ناتان پەيغەمبەر پەرۋەردىگاردىن ئۆزىگە كەلگەن ۋەھىيلەرنىڭ ھەممىسىنى داۋۇتقا يەتكۈزدى.

داۋۇتنىڭ دۇئا ۋە مەدھىيەسى

16شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت پادىشاھ ئەھدە ساندۇقى قويۇلغان چېدىرغا كىرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئولتۇرۇپ مۇنداق دېدى:

_ ئى پەرۋەردىگار خۇدا! ماڭا بۇ قەدەر شاپائەت قىلغۇدەك مەن كىم ئىدىم، ئائىلەم قانچىلىك ئىدى؟ 17ئۇنىڭ ئۈستىگە، سەن خۇدايىم مەن قۇلۇڭنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە ۋەدە بەردىڭ. ئى پەرۋەردىگار خۇدا، سەن مېنى نەزىرىڭدە ئۇلۇغ ئادەم بىلدىڭ. 18سەن مەن قۇلۇڭنى شۆھرەتكە ئېرىشتۈردۈڭ، ساڭا دەيدىغان يەنە نېمە گېپىم بولسۇن؟ ئى پەرۋەردىگار، سەن مېنى بىلىسەن، 19مەن قۇلۇڭ ئۈچۈن ئۆزۈڭنىڭ خاھىشىڭ بويىچە شۇنداق ئۇلۇغۋار ئىشلارنى قىلدىڭ ۋە بۇ ئىشلارنى مەن قۇلۇڭغا ئايان قىلدىڭ.

20ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ تەڭدىشىڭ يوقتۇر. سەن بىردىنبىر ھەقىقىي خۇدادۇرسەن. بىز ساڭا ئوخشاش باشقا خۇدا ھەققىدە ھېچقاچان ئاڭلاپ باقمىغانىدۇق. 21يەر يۈزىدە ئىسرائىللاردەك يەنە بىر خەلق بارمۇ؟ قايسى بىر خەلقنى ئىسرائىللاردەك قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرۇپ ئۆز خەلقىڭ قىلدىڭ؟ ئىسرائىللار ئۈچۈن قىلغان ئۇلۇغ مۆجىزىلىرىڭ شان-شۆھرىتىڭنى نامايان قىلدى. ئۆز خەلقىڭنى مىسىردىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋالغان يات ئەللەرنى قوغلىۋەتتىڭ. 22ئى پەرۋەردىگار، سەن ئىسرائىللارنى مەڭگۈگە ئۆز خەلقىڭ قىلدىڭ ۋە ئۆزۈڭ ئۇلارنىڭ خۇداسى بولدۇڭ.

23ئى پەرۋەردىگار، قۇلۇڭ ۋە قۇلۇڭنىڭ ئەۋلادلىرى توغرۇلۇق قىلغان سۆزلىرىڭ مەڭگۈگە مۇستەھكەم بولسۇن، ۋەدىلىرىڭنى ئىشقا ئاشۇرغايسەن. 24شۇندا نامىڭ تائەبەدكە ئۇلۇغلىنىپ، ئىنسانلار: «ئىسرائىللارغا يېتەكچىلىك قىلغۇچى خۇدا، ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئىكەن» دېيىشىدۇ. قۇلۇڭ داۋۇتنىڭ خانىدانلىقى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە سېنىڭ ھۇزۇرۇڭدا مۇستەھكەم تۇرىدۇ.

25ئى خۇدايىم! سەن قۇلۇڭ داۋۇتنىڭ جەمەتىگە بىر خانىدانلىق تىكلەپ بېرىدىغانلىقىڭنى ئايان قىلغانىدىڭ، شۇ سەۋەبتىن مەن ساڭا شۇنداق دەپ دۇئا قىلىشقا جۈرئەت قىلدىم. 26ئى پەرۋەردىگار، سەن خۇدادۇرسەن! سەن ماڭا مۇشۇنداق ياخشى ئىشلارنى ۋەدە قىلدىڭ. 27مېنىڭ خانىدانلىقىمنىڭ ھۇزۇرۇڭدا مەڭگۈ تۇرۇشى ئۈچۈن رازىمەنلىك بىلەن بەخت ئاتا قىلدىڭ. ئى پەرۋەردىگار! سەن ئاتا قىلغان بەخت بىلەن قۇلۇڭنىڭ خانىدانلىقى مەڭگۈ بەختكە سازاۋەر بولىدۇ.

18

داۋۇتنىڭ يات ئەللەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشى

1مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن داۋۇت فىلىستىيەلىكلەرگە يەنە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى بويسۇندۇردى. ئۇ گات دېگەن شەھەرنى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە يېزا-كەنتلەرنى فىلىستىيەلىكلەردىن تارتىۋالدى. 2ئۇ موئابلارنىمۇ مەغلۇپ قىلدى. شۇنداق قىلىپ موئابلار داۋۇتقا ئەل بولۇپ، ئۇنىڭغا باج-سېلىق تۆلەيدىغان بولدى.

3زوباھ پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى ھادادئەزەر فىرات دەرياسى ئەتراپىدىكى زېمىنغا بولغان ھوقۇقىنى تارتىۋېلىشقا ئاتلىنىپ چىققاندا، داۋۇت ئۇنى مەغلۇپ قىلىپ، خامات دېگەن يەرگىچە ھۇجۇم قىلىپ باردى. 4داۋۇت ئۇنىڭ بىر مىڭ دانە جەڭ ھارۋىسىنى، يەتتە مىڭ ئاتلىق لەشكىرىنى ۋە 20 مىڭ پىيادە لەشكىرىنى ئەسىرگە ئالدى. ئۆزىنىڭ يۈز ھارۋىسىنى تارتىشقا يەتكۈدەك ئاتنى قالدۇرغاندىن بۆلەك، قالغان ئاتلارنىڭ ھەممىسىنىڭ پېيىنى كەستۈرۈۋەتتى.

5دەمەشقتىكى سۈرىيەلىكلەر زوباھ پادىشاھى ھادادئەزەرگە ياردەم بېرىشكە كەلگەندە، داۋۇت سۈرىيەلىكلەردىن 22 مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردى. 6شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت دەمەشقتىكى سۈرىيەلىكلەر رايونىغا ئۆزىنىڭ قوشۇنلىرىنى تۇرغۇزدى. شۇنداق قىلىپ سۈرىيەلىكلەر داۋۇتقا ئەل بولۇپ، ئۇنىڭغا باج تۆلەيدىغان بولدى. داۋۇت مەيلى نەگە ھۇجۇم قىلمىسۇن، پەرۋەردىگار ئۇنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرۈپ تۇردى.

7داۋۇت ھادادئەزەرنىڭ ئادەملىرىنىڭ ئالتۇن قالقانلىرىنى ئولجا ئېلىپ يېرۇسالېمغا قايتتى. 8داۋۇت پادىشاھ يەنە ھادادئەزەرنىڭ تىبخات ۋە كۇن دېگەن ئىككى شەھىرىدىنمۇ ناھايىتى نۇرغۇن تۇچ ئولجا ئالدى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا سۇلايمان بۇ تۇچلاردىن ئىبادەتخانا ھويلىسىدا تۇرىدىغان «تۇچ دېڭىزى» دەپ ئاتالغان تۇچ داڭقان، تۈۋرۈكلەر ۋە تۇچ بۇيۇملارنى ياساتتى.

9خامات پادىشاھى توئۇ داۋۇتنىڭ زوباھ پادىشاھى ھادادئەزەرنىڭ پۈتۈن قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، 10ئوغلى ھادورامنى داۋۇت پادىشاھنىڭ ئالدىغا سالامغا ئەۋەتتى ۋە ئۇنىڭ ھادادئەزەر بىلەن جەڭ قىلىپ، ئۇنى مەغلۇپ قىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى. ئەمەلىيەتتە توئۇ ھادادئەزەر بىلەن دائىم ئۇرۇش قىلىپ كەلگەنىدى. ئۇ يەنە داۋۇتقا ئالتۇن، كۈمۈش ۋە تۇچتىن ياسالغان ھەر تۈرلۈك نەرسىلەرنى سوۋغا قىلىپ ئەۋەتتى. 11داۋۇت پادىشاھ بۇ نەرسىلەرنى ۋە بارلىق خەلقلەردىن، يەنى ئىدوملۇقلار، موئابلار، ئاممونلار، فىلىستىيەلىكلەر ۋە ئامالەكلەردىن ئولجا ئالغان ھەممە ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى پەرۋەردىگار ئۈچۈن قىلىنىدىغان خىزمەتلەرگە ئاتىدى.

12مەزلۇم زىرۇيانىڭ ئوغلى ئابىشاي تۇز جىلغىسىدا ئىدوملۇقلاردىن 18 مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. 13ئۇ يەنە ئىدومغا ئۆز قوشۇنلىرىنى تۇرغۇزدى، ئىدوملۇقلارنىڭ ھەممىسى داۋۇتقا ئەل بولدى. داۋۇت قەيەرگە بېرىپ جەڭ قىلمىسۇن، ھەممە يەردە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا غەلىبە-نۇسرەت ئاتا قىلدى.

داۋۇتنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ۋەزىپىلىرى

14داۋۇت ئەمدى پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇ خەلقنى ئادىللىق ۋە ھەققانىيەت بىلەن باشقۇردى. 15مەزلۇم زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئاب قوشۇنغا باش سەركەردە، ئاخىلۇدنىڭ ئوغلى يىھوشافات تەزكىرىچى، 16ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى زادوق بىلەن ئەبىياتارنىڭ ئوغلى ئابىمەلەك روھانىي، سىرايا پۈتۈكچى، 17يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايا كىرېتلەر بىلەن پىلېتلەردىن تەركىب تاپقان ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى، داۋۇتنىڭ ئوغۇللىرى پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە بولىدىغان باش ئەمەلدارلار ئىدى.

19

داۋۇتنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ ھاقارەتلىنىشى

1ئارىدىن بىرقانچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ئاممونلارنىڭ پادىشاھى ناخاش ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ پادىشاھلىق ئورنىغا ئوغلى خانۇن چىقتى. 2داۋۇت: «خانۇننىڭ ئاتىسى ناخاش ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، مەن ئۇنىڭ ئوغلى خانۇنغا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىمەن» دەپ ئويلىدى. داۋۇت ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىش ئۈچۈن ئەلچىلىرىنى ئەۋەتتى. ئەلچىلەر خانۇنغا تەسەللى بېرىش ئۈچۈن ئاممونلارنىڭ زېمىنىغا كىرگەندە، 3ئاممونلارنىڭ ئەمەلدارلىرى خانۇنغا:

_ داۋۇت بۇ يەرگە ھال سورىغىلى ئادەم ئەۋەتىپتۇ، سىلىچە ئۇ ئاتىلىرىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىۋاتقانمىدۇ؟ ئۇنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ بۇ يەرگە كېلىشتىكى مەقسىتى بۇ زېمىننى تەكشۈرۈپ، پايلاپ چىقىپ، ئاندىن كېيىن زېمىنىمىزنى ئىشغال قىلىش، دەپ ئويلىماملا؟ _ دېيىشتى.

4شۇنىڭدىن كېيىن خانۇن داۋۇتنىڭ ئەلچىلىرىنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇلارنىڭ ساقال-بۇرۇتلىرىنى چۈشۈرۈۋەتتى. يەنە ئۇلارنىڭ تونلىرىنىڭ ئاستى تەرىپىدىن يانپاشلىرىغىچە بولغان قىسمىنى كېسىۋېتىپ، ئاندىن ئۇلارنى قوغلىۋەتتى.

5داۋۇت ئەلچىلەرنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇلارنى كۈتۈۋېلىشقا ئالدىغا ئادەم ئەۋەتتى. ئەلچىلەر تولىمۇ ئىزا-ئاھانەتتە قالغانىدى. پادىشاھ ئەلچىلىرىگە: «سىلەر ئېرىخا شەھىرىدە تۇرۇپ، ساقال-بۇرۇتۇڭلار ئۆسكەندىن كېيىن قايتىپ كېلىڭلار» دەپ سۆز ئەۋەتتى.

6ئاممونلار ئۆزلىرىنىڭ داۋۇتنى رەنجىتىپ قويغانلىقىنى بىلىپ، خانۇن بىلەن بىرلىشىپ، 35 توننا كۈمۈشكە ئاررام-ناھارايىم، ئاررام-مائاكا ۋە زوباھ دېگەن يەرلەردىن ھارۋىلىق لەشكەرلەرنى جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن ياللاپ ئالدى. 7ئۇلار يەنە 32 مىڭ ھارۋىلىق لەشكەرلەر، شۇنداقلا مائاكا پادىشاھى بىلەن ئۇنىڭ قوشۇنىنى ياللاپ ئالدى. مائاكا پادىشاھى كېلىپ، مېدىبا شەھىرىنىڭ ئالدىدا بارگاھ قۇردى. ئاممونلارمۇ ئۆز شەھەرلىرىدىن يىغىلىشىپ جەڭگە ئاتلاندى.

8داۋۇت بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئىسرائىلىيەنىڭ پۈتۈن قوشۇنىنى يوئابنىڭ باشچىلىقىدا ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا چىقاردى. 9ئاممونلار پايتەخت رابباھ شەھىرىدىن چىقىپ، شەھەر دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا سەپ تۈزۈپ تۇردى، ياردەمگە كەلگەن باشقا پادىشاھلار بولسا دالادا ئايرىم بىر قوشۇن بولۇپ تۇردى.

داۋۇتنىڭ سۈرىيەلىكلەر ۋە ئاممونلارنى مەغلۇپ قىلىشى

10يوئاب ئۆزىنىڭ ئالدى-كەينىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرايدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىسرائىلىيەنىڭ بىر قىسىم خىل لەشكەرلىرىنى تاللاپ، ئۇلارنى سۈرىيەلىكلەرگە قارشى سەپكە تۇرغۇزدى. 11قالغان ئادەملىرىنى بولسا ئاكىسى ئابىشاينىڭ باشقۇرۇشىغا قويدى. ئابىشاي ئۇلارنى ئاممونلارغا قارشى جەڭگە تەييار قىلدى. 12يوئاب ئابىشايغا:

_ مۇبادا سۈرىيەلىكلەر مەندىن كۈچلۈك چىقسا، سەن ماڭا ياردەمگە كەل. مۇبادا ئاممونلار سەندىن كۈچلۈك چىقسا، مەن ساڭا ياردەمگە باراي. 13جاسارەتلىك بول، خەلقىمىز ۋە خۇدايىمىزنىڭ شەھەرلىرى ئۈچۈن جان تىكىپ ئۇرۇش قىلايلى! پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى ئەمەلگە ئاشقاي، _ دېدى.

14يوئاب ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئىلگىرىلەپ بېرىپ، سۈرىيەلىكلەرگە ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە تەييار بولدى. سۈرىيەلىكلەر ئۇلارنىڭ ئالدىدا قاچتى. 15سۈرىيەلىكلەرنىڭ قاچقانلىقىنى كۆرگەن ئاممونلارمۇ يوئابنىڭ ئاكىسى ئابىشايدىن قېچىپ، شەھەرگە قايتىپ كىرىۋالدى. شۇنىڭدىن كېيىن يوئاب يېرۇسالېمغا قايتىپ كەتتى.

16ئىسرائىللاردىن يېڭىلگەنلىكىنى بىلگەن سۈرىيەلىكلەر فىرات دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى سۈرىيەلىكلەرگە ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇلارنى يۆتكەپ كەلدى. ئۇلار ھادادئەزەر قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى شوباكنىڭ رەھبەرلىكىدە ئۇرۇشقا كەلدى.

17بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان داۋۇت ئىسرائىلىيەدىكى لەشكەرلەرنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ، ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، سۈرىيەلىكلەرگە يېقىن يەرگە كېلىپ، ئۆز قوشۇنىنى ئۇلارغا قارشى سەپكە تۇرغۇزدى. بۇنى كۆرگەن سۈرىيەلىكلەر داۋۇتقا قارشى جەڭگە ئاتلاندى. 18ۋاھالەنكى، سۈرىيەلىكلەر ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىن يەنە قاچتى. داۋۇت سۈرىيەلىكلەرنىڭ يەتتە مىڭ ھارۋىلىق لەشكىرىنى ۋە 40 مىڭ پىيادە لەشكىرىنى ئۆلتۈردى. داۋۇت يەنە سۈرىيەلىكلەرنىڭ قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى شوباكنى ھالاك قىلدى. 19ھادادئەزەرگە تەۋە پادىشاھلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ ئىسرائىللاردىن مەغلۇپ بولغانلىقىنى كۆرۈپ، داۋۇت بىلەن سۈلھى تۈزۈشۈپ، ئۇنىڭغا ئەل بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن سۈرىيەلىكلەر ئاممونلارغا ياردەم بېرىشتىن باش تارتىدىغان بولدى.

20

يوئابنىڭ رابباھ شەھىرىنى ھۇجۇم قىلىپ ئېلىشى

1ئەتىياز كېلىپ، پادىشاھلار جەڭگە چىقىدىغان چاغ بولدى. يوئاب ئىسرائىلىيە قوشۇنىنى جەڭگە باشلاپ ئاممونلارنىڭ زېمىنىغا بېسىپ كىردى ۋە رابباھ شەھىرىنى قورشاۋغا ئالدى. داۋۇت ئۆزى بولسا يېرۇسالېمدا قالدى. يوئاب رابباھقا ھۇجۇم قىلىپ، شەھەرنى ۋەيران قىلىۋەتتى. 2داۋۇت ئاممونلارنىڭ پادىشاھىنىڭ بېشىدىكى ئالتۇن تاجنى ئالدى. ئېغىرلىقى 35 كىلو كېلىدىغان، ئۈستى ياقۇت بىلەن بېزەلگەن بۇ ئالتۇن تاج داۋۇتنىڭ بېشىغا كىيدۈرۈلدى. داۋۇت شەھەردىن نۇرغۇن ئولجىلارنى ئالدى. 3ئۇ يەنە شەھەر ئاھالىسىنى ھەرە، كەتمەن، پالتا بىلەن قىلىنىدىغان ئىشلارغا سالدى. داۋۇت ئاممونلارنىڭ باشقا شەھەر ئاھالىلىرىگىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلدى. ئاندىن داۋۇت پۈتۈن قوشۇنىنى باشلاپ، يېرۇسالېمغا قايتىپ كەتتى.

فىلىستىيەلىك پالۋانلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى

4شۇنىڭدىن كېيىن، گەزەر دېگەن يەردە فىلىستىيەلىكلەر بىلەن يەنە بىر قېتىم ئۇرۇش بولدى. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا خۇشاھلىق سىببىكاي رافاھ خەلقىدىن بولغان سىپپاي ئىسىملىك بىر پالۋاننى ئۆلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن فىلىستىيەلىكلەر بويسۇندى.

5فىلىستىيەلىكلەر بىلەن بولغان يەنە بىر ئۇرۇشتا يائىرنىڭ ئوغلى ئەلخانان گاتلىق گولياتنىڭ قېرىندىشى لاخمىنى ئۆلتۈردى. لاخمىنىڭ نەيزىسىنىڭ دەستىسى دەستىگاھنىڭ ئوقىدەك توم ئىدى.

6كېيىن گاتتا يەنە بىر مەيدان ئۇرۇش بولدى. بۇ ئۇرۇشقا ناھايىتى بەستلىك بىر ئادەم قاتناشقان بولۇپ، ئۇنىڭ قول ۋە پۇتىدا ئالتىدىن جەمئىي يىگىرمە تۆت بارماق بار ئىدى. ئۇمۇ رافاھ خەلقىدىن ئىدى. 7بۇ ئادەم ئىسرائىللارنى ھاقارەتلىگەنلىكى ئۈچۈن، داۋۇتنىڭ ئاكىسى شامماھنىڭ ئوغلى يوناتان ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتى.

8بۇ فىلىستىيەلىك پالۋانلار گات شەھىرىدىكى رافاھ خەلقىدىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى.

21

داۋۇتنىڭ لەشكەرلەرنى رويخەتكە ئېلىشى

1شەيتان ئىسرائىللارغا قارشى تۇرۇپ، داۋۇتنى ئىسرائىلىيەنىڭ جەڭ قىلىشقا قادىر ئادەملىرىنى ساناپ چىقىشقا كۈشكۈرتتى. 2شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئۆز قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى يوئاب ۋە باشقا سەركەردىلىرىگە بۇيرۇق قىلىپ:

_ سىلەر ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنى داندىن تاكى بەئەرشەباغىچە ئارىلاپ، جەڭ قىلىشقا قادىر ئادەملەرنى ساناپ، مەلۇمات ئېلىپ كېلىڭلار. مەن ئۇلارنىڭ سانىنى بىلىشىم كېرەك، _ دېدى.

3ۋاھالەنكى، يوئاب پادىشاھتىن:

_ پەرۋەردىگار لەشكەرلىرىنىڭ سانىنى يۈز ھەسسە ئاشۇرغاي. پادىشاھ ئالىيلىرى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئالىيلىرىنىڭ خىزمىتىدە ئەمەسمۇ؟ ئالىيلىرى، نېمە سەۋەبتىن بۇنداق قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالدىلا؟ نېمە ئۈچۈن ئىسرائىللارغا گۇناھ ئارتىلا؟ _ دەپ سورىدى.

4لېكىن پادىشاھنىڭ سۆزى يوئابنىڭ سۆزىدىن ئۈستۈن كەلدى. شۇنداق قىلىپ، يوئاب پۈتۈن ئىسرائىلىيەنى ئايلىنىپ، ئاندىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدى. 5يوئاب لەشكەرلەرنى تىزىملاش ئەھۋالىدىن داۋۇتقا مەلۇمات بېرىپ، مۇنداق دېدى:

_ پۈتۈن ئىسرائىلىيەدە جەڭ قىلىشقا قادىر بىر مىليون يۈز مىڭ ئادەم، يەھۇدىيەدە 470 مىڭ ئادەم بار ئىكەن.

6بىراق يوئاب لاۋىي بىلەن بىنيامىن قەبىلىلىرىنى بۇ سانغا كىرگۈزمىگەنىدى، چۈنكى پادىشاھنىڭ بۇ بۇيرۇقى ئۇنىڭ نەزىرىدە يىرگىنچلىك ئىدى.

پەرۋەردىگارنىڭ داۋۇتنى جازالىشى

7ئەمما خۇدا بۇ ئىشتىن نارازى بولۇپ، ئىسرائىل خەلقىنى جازالىدى. 8داۋۇت خۇداغا:

_ لەشكەرلەرنىڭ سانىنى ئېلىپ، ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزۈپتىمەن! قۇلۇڭنىڭ گۇناھىدىن كەچكەيسەن، مەن تولىمۇ ئەخمىقانە ئىش قىلىپتىمەن! _ دېدى.

9پەرۋەردىگار داۋۇتنىڭ خىزمىتىدە بولۇۋاتقان غايىبنى بىلگۈچى گادقا مۇنداق دېدى:

10_ سەن بېرىپ داۋۇتقا ئېيتقىن «مەنكى پەرۋەردىگار، سېنىڭ ئالدىڭغا ئۈچ تۈرلۈك جازانى قويىمەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرنى تاللىۋال، تاللىغان شۇ جازايىڭنى مەن ساڭا چۈشۈرىمەن».

11شۇنىڭ بىلەن گاد، داۋۇتنىڭ ھۇزۇرىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى يەتكۈزۈپ، مۇنداق دېدى:

_ قېنى، ئۆزلىرى تاللىۋالسىلا. 12ئۈچ يىل ئاچارچىلىق بولسۇنمۇ؟ ياكى دۈشمەنلىرى قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىپ، ئۈچ ئاي دۈشمەنلىرى ئالدىدا قېچىپ يۈرەملا؟ ياكى بولمىسا پەرۋەردىگارنىڭ قىلىچى بولغان ۋابا ئۈچ كۈن تارقىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى پۈتۈن ئىسرائىلىيەدە ۋەيرانچىلىق ئېلىپ بارسۇنمۇ؟ قېنى دېسىلە، مېنى ئەۋەتكۈچىگە قايسى جاۋابنى بېرىشىم كېرەك؟

13داۋۇت گادقا مۇنداق دېدى:

_ مەن ئېغىر ئەھۋالدا قالدىم. نېمىلا بولمىسۇن ئىنسانلارنىڭ قولىغا ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگارنىڭ قولىغا چۈشەي. چۈنكى ئۇ ناھايىتى مېھىر-شەپقەتلىكتۇر.

14شۇنداق قىلىپ، پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيەگە ۋابا تارقاتتى. ئىسرائىللاردىن 70 مىڭ ئادەم ئۆلدى. 15خۇدا پەرىشتىسىنى يېرۇسالېمنى ۋەيران قىلىشقا ئەۋەتتى. لېكىن پەرىشتە ۋەيران قىلماقچى بولۇپ تۇرغاندا، پەرۋەردىگار ئەھۋالنى كۆرۈپ، ئۇلارنى جازالاش نىيىتىدىن ياندى ۋە ۋەيران قىلغۇچى پەرىشتىگە:

_ يېتەر ئەمدى، قولۇڭنى تارت! _ دېدى.

ئۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى يىبۇسلاردىن بولغان ئاراۋنانىڭ خامىنىدا تۇراتتى.

16داۋۇت يۇقىرىغا قارىغانىدى، پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ يەر بىلەن ئاسماننىڭ ئارىلىقىدا قولىدىكى قىلىچىنى يېرۇسالېمغا تەڭلەپ تۇرغانلىقىنى كۆردى. داۋۇت بىلەن ئىسرائىل ئاقساقاللىرى ماتەملىك كىيىمگە يۆگەنگەن ھالدا يەرگە باش قويدى. 17داۋۇت خۇداغا:

_ لەشكەرلەرنىڭ سانىنى ئېلىپ چىقىشنى بۇيرۇغان مەن ئەمەسمۇ؟ گۇناھ قىلغان مەن، رەزىللىك قىلغان مەن، قويدەك بىگۇناھ بۇ خەلق نېمە گۇناھ قىلدى؟ ئى پەرۋەردىگارىم خۇدا، مېنى ۋە ئاتا جەمەتىمنى جازالىغايسەن! ۋابانى ئۆز خەلقىڭنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرمىگەيسەن! _ دېدى.

داۋۇتنىڭ توۋا قىلىپ قۇربانلىق سۇنۇشى

18پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى گادقا:

_ سەن داۋۇتنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: «سىز يىبۇسلاردىن بولغان ئاراۋنانىڭ خامىنىغا بېرىپ، ئۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى سېلىڭ» دېگىن، _ دەپ بۇيرۇدى.

19داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ گاد ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە دەل شۇ يەرگە باردى. 20ئاراۋنا ۋە ئۇنىڭ تۆت ئوغلى خامان ئايرىپ تۇراتتى، ئۇلار بۇرۇلۇپلا پەرىشتىنى كۆردى. ئاراۋنانىڭ ئوغۇللىرى يوشۇرۇنۇۋالدى. 21ئاراۋنا داۋۇتنىڭ ئۆزى تەرەپكە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، خامىنىدىن چىقىپ، يەرگە باش قويۇپ، داۋۇتقا تەزىم قىلدى. 22داۋۇت ئاراۋناغا:

_ خەلق ئىچىگە تارقالغان ۋابانى يوقىتىش ئۈچۈن مۇشۇ خامىنىڭىزنى ماڭا ئۆز باھاسى بويىچە سېتىپ بېرىڭ. مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ مۇشۇ يەرگە بىر قۇربانلىق سۇپىسى سالاي دەيمەن، _ دېدى.

23_ پادىشاھ ئالىيلىرى، ئېلىۋەرسىلە! نېمىنى خالىسىلىرى شۇنى قىلغايلا. مانا، مەن كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن ئۆكۈزلىرىمنى، ئوتۇن ئۈچۈن خامان تېپىدىغان ياغاچ تاختامنى ۋە ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن بۇغدايلىرىمنى بېرەي. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بېرىمەن، _ دېدى ئاراۋنا.

24_ ياق! مەن بۇلارنى ئۆز باھاسىدا سېتىۋالىمەن. پەرۋەردىگارغا ھەدىيە قىلىش ئۈچۈن سېنىڭكىنى ئالمايمەن، بىكارغا كەلگەن نەرسىلەرنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلمايمەن، _ دېدى داۋۇت پادىشاھ ئاراۋناغا.

25شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئاراۋنانىڭ خامىنى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئالتە يۈز ئالتۇن تەڭگە تۆلەپ بەردى.

26داۋۇت شۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى سېلىپ، كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇندى. ئۇ پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ ئىلتىجا قىلىۋىدى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ دۇئالىرىنى ئىجابەت قىلىپ، ئاسماندىن قۇربانلىق سۇپىسىغا ئوت چۈشۈردى. 27شۇنىڭ بىلەن پەرىشتە پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بىلەن قىلىچىنى غىلىپىغا سالدى.

28ئۇ چاغدا داۋۇت يىبۇسلاردىن بولغان ئاراۋنانىڭ خامىنىدا ئۆزىنىڭ دۇئالىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىجابەت قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، شۇ يەردە قۇربانلىق قىلدى. 29بۇ ۋاقىتتا مۇسا چۆلدە ياساتقان پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرى ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسى گىبئوندىكى سەجدىگاھتا ئىدى. 30لېكىن داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ قىلىچىدىن قورقۇپ، ئۇ سەجدىگاھقا بېرىپ، خۇدادىن يول سوراشقا جۈرئەت قىلالمىدى.

22

1شۇڭا داۋۇت:

_ پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى ۋە ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىدىغان قۇربانلىق سۇپىسى مۇشۇ يەردە بولىدۇ، _ دەپ جاكارلىدى.

داۋۇتنىڭ ئىبادەتخانىنى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشى

2داۋۇت ئىسرائىلىيەدە ياشاۋاتقان يات خەلقلەرنى بىر جايغا يىغىپ، خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئىشلىتىدىغان تاشلارنى يۇنۇپ، تەييارلاشقا بۇيرۇدى. 3داۋۇت يەنە ئىبادەتخانىنىڭ ياغاچ دەرۋازىسىنى مىخلاشقا كېتىدىغان مىخ ۋە مۇجۇق ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان تۆمۈر يىغدى ۋە يەنە ھەددى-ھېسابسىز تۇچ تەييارلىدى. 4ئۇ يەنە نۇرغۇنلىغان كېدىر ياغىچى تەييارلىدى. بۇ كېدىر ياغاچلىرىنى سىدونلۇقلار ۋە تىرلىقلار توشۇپ ئەكەلگەنىدى.

5داۋۇت كۆڭلىدە: «پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سېلىنىدىغان بۇ ئىبادەتخانا چوقۇم ھەيۋەتلىك بولۇشى، ئۇنىڭ داڭقى ۋە شەرىپى پۈتۈن دۇنياغا تونۇلۇشى كېرەك. لېكىن ئوغلۇم سۇلايمان تېخى ياش ۋە تەجرىبىسىز، شۇڭا مەن بۇ ئىبادەتخانىغا كېتىدىغان ماتېرىياللارنى ئالدىن تەييارلاپ قويۇشۇم كېرەك» دەپ ئويلىدى. شۇڭا داۋۇت ئالەمدىن ئۆتۈشتىن بۇرۇن، بۇ ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشى ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ماتېرىياللارنى تەييارلىدى.

6كېيىن داۋۇت ئوغلى سۇلايماننى چاقىرىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇداغا ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا سېلىشنى بۇيرۇدى. 7ئۇ سۇلايمانغا مۇنداق دېدى:

_ ئوغلۇم، مەن ئەسلىدە پەرۋەردىگارىم خۇدانىڭ نام-شەرىپىگە ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا سېلىشنى ئويلىغانىدىم. 8لېكىن پەرۋەردىگار ماڭا: «سەن نۇرغۇن ئۇرۇشلارنى قىلىپ، كۆپ ئادەملەرنى ئۆلتۈردۈڭ، مېنىڭ كۆز ئالدىمدا يەر يۈزىدە نۇرغۇن ئىنسانلارنىڭ قېنى تۆكۈلدى. شۇڭا مېنىڭ نام-شەرىپىم ئۈچۈن ئىبادەتخانىنى سەن سالساڭ بولمايدۇ. 9لېكىن سەن بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرىسەن، ئۇ تىنچ دەۋردە ياشايدۇ. مەن ئۇنى ئەتراپىدىكى ھەممە دۈشمەنلىرىنىڭ پاراكەندە قىلىشىدىن قوغدايمەن. ئۇنىڭ ئىسمى سۇلايمان [مەنىسى «تىنچلىق»] بولىدۇ. ئۇ ھۆكۈم سۈرگەن مەزگىلدە مەن ئىسرائىلىيەگە تىنچ-ئامانلىق ئاتا قىلىمەن. 10ئۇ مېنىڭ نام-شەرىپىم ئۈچۈن بىر ئىبادەتخانا سالىدۇ. ئۇ ماڭا ئوغۇل بولىدۇ، مەن ئۇنىڭغا ئاتا بولىمەن. مەن ئۇنىڭ ئىسرائىلىيەدىكى پادىشاھلىق تەختىنى مەڭگۈ مۇستەھكەم قىلىمەن» دېدى.

11ئوغلۇم، پەرۋەردىگار ساڭا يار بولسۇن. سەن پەرۋەردىگار خۇدانىڭ دېگىنى بويىچە ئۇنىڭغا ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا سالغاندا، سېنى خۇدا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرسۇن. 12سېنىڭ ئىسرائىللارنى پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنى بويىچە باشقۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگارىڭ خۇدا ساڭا ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلسۇن. 13ئەگەر سەن پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق ئىسرائىللارغا چۈشۈرگەن ئەمر-پەرمان ۋە تۈزۈملىرىنى تولۇق ئىجرا قىلساڭ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىسەن. سەن قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بول. ھەرگىز قورقما ھەم چۈشكۈنلەشمە.

14قارا ئوغلۇم، مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئىبادەتخانا سېلىش ئۈچۈن نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتلەر بىلەن ئۈچ مىڭ بەش يۈز توننا ئالتۇن، 35 مىڭ توننا كۈمۈش، ھەددى-ھېسابسىز تۇچ ۋە تۆمۈر تەييارلىدىم. مەن يەنە ياغاچ ۋە تاش ماتېرىياللارنىمۇ تەييارلىدىم. لېكىن سەن تېخىمۇ كۆپەيتىشىڭ كېرەك. 15سېنىڭ نۇرغۇن ئىشچىلىرىڭ، يەنى تاشچى، تامچى ۋە ياغاچچى ماھىر ئۇستىلىرىڭ بار. 16يەنە ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ ۋە تۆمۈرلەرنى پىششىقلاپ ئىشلىيەلەيدىغان نۇرغۇنلىغان ماھىر ھۈنەرۋەنلىرىڭ بار. قېنى، ھازىرلا ئىشنى باشلىغىن. پەرۋەردىگار ساڭا يار بولسۇن.

17داۋۇت يەنە ئىسرائىللارنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرىغا: «ئوغلۇم سۇلايمانغا ياردەم قىلىڭلار» دەپ ئەمر قىلىپ، مۇنداق دېدى:

18_ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەر بىلەن بىللىدۇر. سىلەرگە ھەر تەرەپتىن تىنچلىق ئاتا قىلىدۇ. ئۇ ئىلگىرى بۇ يەردە ياشىغان يات خەلقلەرنى مېنىڭ ئىلكىمگە تاپشۇرغانىدى. ئۇلار ئەمدى پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ۋە ئۇنىڭ خەلقى بولغان سىلەرنىڭ ئىلكىڭلاردا بولىدۇ. 19ھازىردىن باشلاپ سىلەر پۈتۈن جان-دىلىڭلار بىلەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئىتائەت قىلىپ، ئۇنىڭ نام-شەرىپىگە ئاتالغان ئىبادەتخانىنى ياساشنى باشلاڭلار. شۇنداق قىلغاندىلا ئەھدە ساندۇقى ۋە خۇداغا تەۋە مۇقەددەس نەرسىلەرنى ئۇنىڭ ئىچىگە قويالايسىلەر.

23

لاۋىيلارنىڭ ۋەزىپىسى

1داۋۇت قېرىپ، ساناقلىقلا كۈنلىرى قالغاندا، ئوغلى سۇلايماننى ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. 2داۋۇت ئىسرائىللارنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرى، روھانىيلىرى ۋە لاۋىيلارنى چاقىرتىپ كەلدى. 3ئۇ لاۋىيلارنىڭ ئوتتۇز ياشتىن يۇقىرىلىرىنى تىزىملىدى، ئۇلار جەمئىي 38 مىڭ نەپەر ئەر چىقتى. 4داۋۇت بۇلارنىڭ ئىچىدىن 24 مىڭ كىشىنى ئىبادەتخانىنىڭ خىزمىتىنى باشقۇرۇشقا قويدى. يەنە ئالتە مىڭ كىشىنى ئىبادەتخانىنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە سوتچىلىرى قىلىپ تەيىنلىدى. 5يەنە تۆت مىڭ كىشىنى دەرۋازىۋەنلىككە قويدى، قالغان تۆت مىڭ كىشىنى داۋۇت ئۆزى ياساتقۇزغان چالغۇلارنى چېلىپ، پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەش ئىشلىرىغا مەسئۇل قىلدى. 6داۋۇت لاۋىيلارنى ئۇرۇق-جەمەتى بويىچە گېرشون، قوھات ۋە مىرارى دەپ ئۈچ توپقا بۆلدى.

گېرشوننىڭ ئەۋلادلىرى

7گېرشوننىڭ لادان ۋە شىمئى ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. 8لاداننىڭ چوڭ ئوغلى يىخىئېل ئىدى، ئۇنىڭدىن باشقا زېتام ۋە يوئېل ئىسىملىك ئوغۇللىرى بولۇپ، جەمئىي ئۈچ ئوغلى بار ئىدى. 9ئۇلارنىڭ ھەممىسى لادان جەمەتىنىڭ باشلىقلىرى ئىدى.

شىمئىنىڭ شىلوموت، خازىئېل ۋە ھاران دەپ ئۈچ ئوغلى بار ئىدى. 10شىمئى كېيىن يەنە ياخات، زىزا، يىئۇش ۋە بىرىئا ئىسىملىك تۆت ئوغۇل پەرزەنت كۆردى. 11ياخات ئوغۇللارنىڭ چوڭى، زىزا ئوغۇللارنىڭ ئىككىنچىسى ئىدى. يىئۇش بىلەن بىرىئانىڭ ئەۋلادى كۆپ بولمىغاچقا، ئۇلار قوشۇلۇپ بىر جەمەت قىلىپ ھېسابلاندى.

قوھاتنىڭ ئەۋلادلىرى

12قوھاتنىڭ تۆت ئوغلى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى ئامرام، يىزھار، ھىبرون ۋە ئۇززىئېل ئىدى.

13ئامرامنىڭ ھارۇن ۋە مۇسا ئىسىملىك ئىككى ئوغلى بار ئىدى. ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىگە ئاتالغان بولۇپ، ئۇلار ئەڭ مۇقەددەس بۇيۇملارنى باشقۇرۇشقا مۇقىم ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئۇنىڭغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىشقا، پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا دۇئا قىلىشقا ۋە خەلققە مەڭگۈ بەخت تىلەشكە تەيىنلەنگەنىدى. 14خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى مۇسانىڭ ئەۋلادلىرى لاۋىي قەبىلىسىنىڭ بىر تارمىقى ھېسابلىناتتى.

15مۇسانىڭ گېرشون ۋە ئەلىئەزەر ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.

16گېرشوننىڭ چوڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى شىبۇئېل ئىدى.

17ئەلىئەزەرنىڭ بىرلا ئوغلى بولۇپ، ئىسمى رىخابيا ئىدى. لېكىن رىخابيانىڭ پەرزەنتلىرى كۆپ ئىدى.

18قوھاتنىڭ ئىككىنچى ئوغلى يىزھارمۇ ئوغۇل پەرزەنت كۆرگەنىدى. ئۇنىڭ تۇنجى ئوغلىنىڭ ئىسمى شىلومىت ئىدى.

19قوھاتنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى ھىبرون تۆت ئوغۇل كۆرگەن بولۇپ، تۇنجى ئوغلىنىڭ ئىسمى يىرىيا، ئىككىنچى ئوغلىنىڭ ئىسمى ئاماريا، ئۈچىنچى ئوغلىنىڭ ئىسمى ياخازىئېل، تۆتىنچى ئوغلىنىڭ ئىسمى يىقامئام ئىدى.

20قوھاتنىڭ كەنجى ئوغلى ئۇززىئېلنىڭ ئىككى ئوغلى بولۇپ، چوڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى مىكاھ، كىچىك ئوغلىنىڭ ئىسمى يىششىيا ئىدى.

مىرارىنىڭ ئەۋلادلىرى

21مىرارىنىڭ ماخلى ۋە مۇشى دېگەن ئوغۇللىرى بار ئىدى.

ماخلىنىڭ ئەلئازار، كىش دېگەن ئوغۇللىرى بار ئىدى. 22ئەلئازار ئالەمدىن ئۆتكەنگە قەدەر ئوغۇل پەرزەنت كۆرمىدى، ئۇنىڭ پەقەت قىزلىرىلا بار ئىدى. ئۇنىڭ قىزلىرى ئۆز جەمەتىدىن بولغان كىشنىڭ ئوغۇللىرىغا ياتلىق بولدى.

23مۇشىنىڭ ماخلى، ئەدەر، يىرېموت دەپ ئۈچ ئوغلى بار ئىدى.

24مانا بۇلار لاۋىيلارنىڭ ئۇرۇق-جەمەتلىرىنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا جەمەت باشلىقلىرىنىڭ نامى بويىچە تىزىمغا ئېلىنغان ئەۋلادلىرى بولۇپ، ئومۇمەن 20 ياشتىن يۇقىرى لاۋىيلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ خىزمىتىگە قويۇلغانىدى. 25داۋۇت مۇنداق دېگەنىدى: «پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ئۆز خەلقىگە تىنچلىق ئاتا قىلدى. ئەمدى ئۇ مەڭگۈ يېرۇسالېمدا ياشايدۇ. 26شۇنداق ئىكەن، بۇنىڭدىن كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىنى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئىبادەت قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان بۇيۇملارنى لاۋىيلارنىڭ كۆتۈرۈپ يۈرۈشى ھاجەت ئەمەس.» 27داۋۇتنىڭ جان ئۈزۈش ئالدىدا قىلغان ئەمرلىرىگە ئاساسەن، يىگىرمە ياشتىن يۇقىرى لاۋىيلارنىڭ ھەممىسى تىزىمغا ئېلىنغانىدى.

28لاۋىيلارنىڭ ۋەزىپىلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا ياردەملىشىپ، ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىلىرى ۋە يان خانىلىرىنى باشقۇرۇش، بارلىق مۇقەددەس بۇيۇملارنى پاكىزلاش ۋە شۇنىڭغا دائىر باشقا ئىشلارنىمۇ قىلىش ئىدى. 29ئۇلار يەنە پەرۋەردىگارغا ئاتالغان نانلارنى، پېتىر نانلارنى ۋە چەلپەكلەرنى پىشۇرۇشقا ۋە ھەدىيە قىلىنىدىغان سۈپەتلىك ئۇنلارنى تەييارلاشقا ھەمدە بۇ نەرسىلەرنىڭ مىقدارى ۋە سانىنى بەلگىلەشكە مەسئۇل ئىدى. 30ئۇلار ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە ئىبادەتخانىدا پەرۋەردىگارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشى ۋە ئۇنى مەدھىيەلەپ، ھەمدۇسانا ئوقۇشى كېرەك ئىدى. 31دېمەك ھەر دەم ئېلىش كۈنلىرىدە، يېڭى ئاي بايرىمىدا ياكى باشقا بەلگىلەنگەن بايرام كۈنلىرىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار قىلىنغاندا، ئۇلار پەرۋەردىگارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ئۇنى مەدھىيەلەپ، ھەمدۇسانالار ئوقۇشى كېرەك ئىدى. پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا دائىم خىزمەت قىلىدىغان لاۋىيلارنىڭ سانى ئىبادەتخانىنىڭ تەلىپىگە مۇۋاپىق بولۇشى شەرت ئىدى.

32لاۋىيلار پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرى ۋە ئىبادەتخانىغا قاراشقا مەسئۇل بولۇپ، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان، ئۆزلىرىنىڭ قېرىنداشلىرى بولغان ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا ياردەم بېرىشى كېرەك ئىدى.

24

روھانىيلارنىڭ ۋەزىپىسى

1ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى بىرنەچچە توپقا بۆلۈنگەنىدى. ھارۇننىڭ ناداب، ئابىھۇ، ئەلئازار ۋە ئىتامار ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. 2لېكىن ناداب ۋە ئابىھۇ ئاتىسىدىن بۇرۇن تۈگەپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلار ئوغۇل پەرزەنت كۆرمىگەنىدى. شۇڭا ئەلئازار بىلەن ئىتامار روھانىي بولدى. 3پادىشاھ داۋۇت ئەلئازارنىڭ ئەۋلادى زادوق ۋە ئىتامارنىڭ ئەۋلادى ئاخىمەلەكنىڭ ياردىمى بىلەن ھارۇن ئەۋلادىنى ئۇلارنىڭ ۋەزىپىلىرىگە ئاساسەن بىرقانچە توپقا ئايرىدى. 4ئەلئازارنىڭ ئەۋلادى ئىچىدە جەمەت باشلىقلىرى ئىتامارنىڭ ئەۋلادىغا قارىغاندا كۆپرەك بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەلئازارنىڭ ئەۋلادى ئون ئالتە توپقا، ئىتامارنىڭ ئەۋلادى سەككىز توپقا ئايرىلدى. 5خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا خىزمەت قىلىدىغان ئەمەلدارلارنىڭ بىر قىسمى ئەلئازار ئەۋلادىدىن، يەنە بىر قىسمى ئىتامار ئەۋلادىدىن بولغاچقا، چەك تارتىش ئۇسۇلى بىلەن خىزمەتلەر ئادىل ھالدا بۆلۈپ بېرىلدى.

6لاۋىيلاردىن بولغان نىتانئېلنىڭ ئوغلى شىمايا پۈتۈكچى بولۇپ، چەك نەتىجىسىنى تىزىملاپ ماڭدى. پادىشاھ، ئەمەلدارلار، روھانىي زادوق، ئەبىياتارنىڭ ئوغلى ئاخىمەلەك، روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى چەك تارتىشقا گۇۋاھ بولدى. ئەلئازار بىلەن ئىتامارنىڭ ئەۋلادلىرى نۆۋەت بىلەن چەك تارتتى.

7بىرىنچى چەك يىھويارىبقا،

ئىككىنچى چەك يىداياغا،

8ئۈچىنچى چەك خارىمغا،

تۆتىنچى چەك سىئورىمغا،

9بەشىنچى چەك مالكىياغا،

ئالتىنچى چەك مىيامىنغا،

10يەتتىنچى چەك خاققوزغا،

سەككىزىنچى چەك ئابىياغا،

11توققۇزىنچى چەك يېشۇۋاغا،

ئونىنچى چەك شىكانياغا،

12ئون بىرىنچى چەك ئەلياشىبقا،

ئون ئىككىنچى چەك ياقىمغا،

13ئون ئۈچىنچى چەك خۇپپاھقا،

ئون تۆتىنچى چەك يەشەبئابقا،

14ئون بەشىنچى چەك بىلگاھقا،

ئون ئالتىنچى چەك ئىممېرغا،

15ئون يەتتىنچى چەك خېزىرغا،

ئون سەككىزىنچى چەك ھاپپىززېزغا،

16ئون توققۇزىنچى چەك پىتاخياغا،

يىگىرمىنچى چەك يىھەزكەلگە،

17يىگىرمە بىرىنچى چەك ياكىنغا،

يىگىرمە ئىككىنچى چەك گامۇلغا،

18يىگىرمە ئۈچىنچى چەك دىلاياغا،

يىگىرمە تۆتىنچى چەك مائازياغا چىقتى.

19بۇ ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادى بولغان ھارۇننىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلىشتى. بۇ كۆرسەتمىلەرنى پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ھارۇنغا چۈشۈرگەنىدى.

20لاۋىيلاردىن بولغان باشقا جەمەت باشلىقلىرىنىڭ ئىسىملىرى مۇنداق ئىدى:

ئامرام ئەۋلادىدىن شۇبائېل،

شۇبائېل ئەۋلادىدىن يەخدىيا،

21رىخابيا ئەۋلادىدىن تۇنجى ئوغلى يىششىيا،

22يىزھار ئەۋلادىدىن شىلوموت،

شىلوموت ئەۋلادىدىن ياخات،

23ھىبروننىڭ چوڭ ئوغلى يىرىيا، ئىككىنچى ئوغلى ئاماريا، ئۈچىنچى ئوغلى ياخازىئېل، تۆتىنچى ئوغلى يىقامئام،

24ئۇززىئېل ئەۋلادىدىن مىكاھ،

مىكاھ ئەۋلادىدىن شامىر 25ۋە مىكاھنىڭ ئىنىسى يىششىيا،

يىششىيا ئەۋلادىدىن زىكىرىيا،

26مىرارىنىڭ ئەۋلادىدىن ماخلى ۋە مۇشى،

يائازىيا ئەۋلادىدىن بىنو،

27مىرارىنىڭ يائازىيا ئەۋلادىدىن بىنو، شوھام، زاككۇر ۋە ئىبرى،

28ماخلىنىڭ ئەۋلادىدىن ئەلئازار، ئەلئازارنىڭ ئوغۇللىرى يوق ئىدى.

29كىشنىڭ ئەۋلادىدىن يىراخمىئېل،

30مۇشى ئەۋلادىدىن ماخلى، ئەدەر ۋە يىرىموت.

مانا بۇلار لاۋىيلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى ئىدى. 31بۇلارمۇ خۇددى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا ئوخشاش چەك تارتىش ئۇسۇلى بىلەن يېشىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە قارىماي، ئۆز ۋەزىپىلىرىنى تەقسىم قىلىشىۋالدى. بۇنىڭغا داۋۇت پادىشاھ، زادوق، ئاخىمەلەك، روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى گۇۋاھ بولدى.

25

ئىبادەتخانىنىڭ نەغمىچىلىرىنىڭ ۋەزىپىسى

1داۋۇت پادىشاھ باش سەركەردىلىرى بىلەن بىرگە لاۋىيلاردىن بولغان ئاساف، ھېمان ۋە يىدۇتۇننىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ بەزىلىرىنى لىرا، چىلتار ۋە جاڭلارنى چېلىپ، خۇدانىڭ سۆزلىرىنى جاكارلاشقا تەيىنلىدى. بۇ نەغمىچىلەرنىڭ تىزىملىكى ۋە ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى تۆۋەندىكىدەك ئىدى:

2ئاسافنىڭ زاككۇر، يۈسۈپ، نىتانيا ۋە ئاسارئېلا ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. ئۇلار پادىشاھنىڭ ئەمرى بويىچە خۇدانىڭ سۆزلىرىنى جاكارلايدىغان ئاتىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىدى.

3يىدۇتۇننىڭ گىداليا، زىرى، يەشايا، شىمئى، خاشابيا ۋە ماتتىتيا ئىسىملىك ئالتە ئوغلى بولۇپ، ئۇلار ئاتىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە لىرا چېلىپ، پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەپ، ھەمدۇسانالار ئوقۇيتتى ۋە خۇدانىڭ سۆزلىرىنى جاكارلايتتى.

4‏-5پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە بولۇۋاتقان غايىبنى بىلگۈچى ھېماننىڭ بۇققىيا، ماتتانيا، ئۇززىئېل، شىبۇئېل، يىرىموت، خانانيا، خانانى، ئەلىياتا، گىددالتى، رومامتى-ئەزەر، يوشبىقاشا، ماللوتى، ھوتىر ۋە ماخازىئوت ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. خۇدا ئۆز ۋەدىسىگە بىنائەن ھېمانغا شاپائەت قىلىپ، ئۇنىڭغا ئون تۆت ئوغۇل ۋە ئۈچ قىز پەرزەنت بەرگەنىدى.

6بۇ ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئاتىلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا خىزمەت قىلىپ، ھەمدۇسانا ئوقۇش ۋە جاڭ، چىلتار، لىرا چېلىش بىلەن شۇغۇللىنىشتى. ئاساف، يىدۇتۇن ۋە ھېمان بىۋاسىتە پادىشاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇناتتى. 7ئۇلارغا قېرىنداشلىرىنى قوشقاندا، جەمئىي 288 كىشى بولۇپ، ئۇلار يۇقىرى ماھارەتكە ئىگە، كەسپىي نەغمىچىلەر ئىدى. 8بۇ نەغمىچىلەر ياش-قېرى، ئۇستاز-شاگىرت دەپ ئايرىماي، چەك تارتىش ئارقىلىق ۋەزىپىلىرىنى بەلگىلىدى.

9بىرىنچى چەك ئاساف جەمەتىدىن بولغان يۈسۈپ ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.

ئىككىنچى چەك گىداليا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.

10ئۈچىنچى چەك زاككۇر ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.

11تۆتىنچى چەك يىزرى ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.

12بەشىنچى چەك نىتانيا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.

13ئالتىنچى چەك بۇققىيا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.

14يەتتىنچى چەك يىسارئېلا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.

15سەككىزىنچى چەك يىشايا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.

16توققۇزىنچى چەك ماتتانيا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.

17ئونىنچى چەك شىمئى ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.

18ئون بىرىنچى چەك ئازارئېل ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.

19ئون ئىككىنچى چەك خاشابيا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.

20ئون ئۈچىنچى چەك شۇبائېل ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.

21ئون تۆتىنچى چەك ماتتىتيا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.

22ئون بەشىنچى چەك يىرېموت ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.

23ئون ئالتىنچى چەك خانانيا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.

24ئون يەتتىنچى چەك يوشبىقاشا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.

25ئون سەككىزىنچى چەك خانانى ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.

26ئون توققۇزىنچى چەك ماللوتى ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.

27يىگىرمىنچى چەك ئەلىياتا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.

28يىگىرمە بىرىنچى چەك ھوتىر ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.

29يىگىرمە ئىككىنچى چەك گىددالتى ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.

30يىگىرمە ئۈچىنچى چەك ماخازىئوت ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.

31يىگىرمە تۆتىنچى چەك رومامتى-ئەزەر ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.

26

ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ۋەزىپىلىرى

1دەرۋازىۋەنلىككە تۆۋەندىكى لاۋىيلار بەلگىلەنگەنىدى:

كوراھ ئەۋلادىدىن بولغان ئاساف جەمەتىدىن قورېنىڭ ئوغلى مىشەلەميا. 2مىشەلەميانىڭ يەتتە ئوغلى بولۇپ، چوڭ ئوغلى زىكىرىيا، ئىككىنچىسى يىدىئائېل، ئۈچىنچى ئوغلى زىباديا، تۆتىنچى ئوغلى ياتنىئېل، 3بەشىنچى ئوغلى ئېلام، ئالتىنچى ئوغلى يىھوخانان، يەتتىنچى ئوغلى ئەليىھوئېناي ئىدى.

4‏-5خۇدانىڭ بەرىكىتى بىلەن ئوبېد-ئىدوم سەككىز ئوغۇل پەرزەنت كۆرگەنىدى. چوڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى شىمايا، ئىككىنچىسى يىھوزاباد، ئۈچىنچىسى يوئاخ، تۆتىنچىسى ساكار، بەشىنچىسى نىتانئېل، ئالتىنچىسى ئاممىئېل، يەتتىنچىسى ئىسساكار، سەككىزىنچىسى پىئۇللىتاي ئىدى.

6ئوبېد-ئىدومنىڭ ئوغلى شىمايانىڭمۇ ئوغۇللىرى بار ئىدى. ئۇلار قابىلىيەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، ھەرقايسىسى ئۆز ئاتا جەمەتىنىڭ جەمەت باشلىقلىرى بولغانىدى. 7ئۇلار تۆت ئوغۇل بولۇپ، ئىسىملىرى ئوتنى، رىفائېل، ئوبېد ۋە ئەلزاباد ئىدى. ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرى ئەلىھۇ بىلەن سىماكيامۇ قابىلىيەتلىك كىشىلەر ئىدى.

8ئوبېد-ئىدومنىڭ بۇ ئەۋلادلىرى جەمئىي ئاتمىش ئىككى كىشى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن قابىلىيەتلىك ۋە ئۆز خىزمەتلىرىگە كۈچ چىقىرالايدىغان ئادەملەر ئىدى.

9مىشەلەميانىڭ ئوغۇللىرى ۋە تۇغقانلىرى جەمىي ئون سەككىز كىشى بولۇپ، ئۇلارمۇ قابىلىيەتلىك ئادەملەر ئىدى.

10مىرارىنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان خوساھنىڭ تۆت ئوغلى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى شىمرى دېگەن ئوغلى گەرچە تۇنجى ئوغۇل بولمىسىمۇ، ئاتىسى ئۇنى جەمەت باشلىقى قىلغانىدى. 11خوساھنىڭ ئىككىنچى ئوغلىنىڭ ئىسمى خىلقىيا، ئۈچىنچى ئوغلىنىڭ ئىسمى تىباليا، تۆتىنچى ئوغلىنىڭ ئىسمى زىكىرىيا ئىدى. خوساھ جەمەتىدىن ئون ئۈچ ئادەم بار ئىدى.

12دەرۋازىۋەنلەر جەمەتلەر بويىچە ئايرىم-ئايرىم توپلارغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەرقايسى توپتىكىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان باشقا لاۋىيلارغا ئوخشاش ئۆز خىزمەتلىرىنى ئادا قىلاتتى. 13ھەربىر جەمەت مەيلى چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن، چەك تاشلاش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قايسى دەرۋازىغا مەسئۇل بولىدىغانلىقىمۇ ئېنىق قىلىپ بەلگىلەنگەنىدى.

14شەرقىي دەرۋازىنى قوغداشنىڭ چېكى شەلەمياغا چىقتى. كېيىن ئوغلى زىكىرىياغا چەك تاشلاندى، زىكىرىيا دانا مەسلىھەتچى ئىدى، ئۇنىڭغا شىمالىي دەرۋازا چىقتى. 15ئوبېد-ئىدومغا چەك تاشلانغاندا، ئۇنىڭغا جەنۇبىي دەرۋازا چىقتى. ئوغۇللىرىغا بولسا ئامبارغا مەسئۇل بولۇش چېكى چىقتى. 16شۇپپىم بىلەن خوساھقا غەربىي دەرۋازا ۋە يۇقىرىغا ئۆرلەيدىغان يولدىكى شاللەكەت دەرۋازىسىنىڭ چېكى چىقتى. دەرۋازىۋەنلەر بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا نۆۋەت بىلەن ئالمىشىپ كۆزەتچىلىك قىلىشى كېرەك ئىدى. 17ھەر كۈنى شەرقىي دەرۋازىدا ئالتە دەرۋازىۋەن، شىمالىي دەرۋازىدا تۆت دەرۋازىۋەن، جەنۇبىي دەرۋازىدا تۆت دەرۋازىۋەن نۆۋەت بىلەن كۆزەتچىلىك قىلاتتى. ئامبارغا ئىككىدىن ئادەم نۆۋەت بىلەن قارايتتى. 18غەربىي ھويلىنىڭ يېنىدىكى يولدا تۆت ئادەم، ھويلىدا بولسا ئىككى ئادەم نۆۋەت بىلەن كۆزەتچىلىك قىلاتتى.

19كوراھ ۋە مىرارىنىڭ ئەۋلادلىرىغا مانا مۇشۇنداق كۆزەتچىلىك ۋەزىپىسى تەقسىم قىلىپ بېرىلگەنىدى.

ئىبادەتخانىدىكى باشقا خىزمەتلەر

20ئاخىيا باشچىلىقىدىكى باشقا لاۋىيلار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى خەزىنىلەرنى ۋە خۇداغا تەقدىم قىلىنغان بۇيۇملار ساقلىنىدىغان ئامبارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل ئىدى. 21گېرشون ئەۋلادى بولغان لاداننىڭ ئەۋلادىدىن كۆپلىگەن جەمەت باشلىقلىرى چىققانىدى. لاداننىڭ ئوغلى يىخىئېلى، 22يىخىئېلىنىڭ ئوغۇللىرى زېتام بىلەن ئىنىسى يوئېل پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى خەزىنىلەرگە مەسئۇل ئىدى.

23ئامرام، يىزھار، ھىبرون ۋە ئۇززىئېلنىڭ ئەۋلادلىرىغىمۇ ۋەزىپىلەر تەقسىم قىلىپ بېرىلگەنىدى:

24مۇسانىڭ ئوغلى گېرشون ئەۋلادىدىن بولغان شىبۇئېل ئىبادەتخانىنىڭ باش خەزىنىچىسى ئىدى. 25تۆۋەندىكىلەر شىبۇئېلنىڭ تۇغقانلىرى بولۇپ، ئۇلار ئەلىئەزەرنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر.

ئەلىئەزەرنىڭ ئوغلى رىخابيا، رىخابيانىڭ ئوغلى يەشايا، يىشايانىڭ ئوغلى يورام، يورامنىڭ ئوغلى زىكرى ۋە زىكرىنىڭ ئوغلى شىلوموت. 26شىلوموت ۋە ئۇنىڭ جەمەتى خەزىنىدىكى پەرۋەردىگارغا تەقدىم قىلغان بۇيۇملارنى باشقۇراتتى. بۇ خەزىنىدە پادىشاھ داۋۇت، ھەرقايسى جەمەت باشلىقلىرى، مىڭبېشى، يۈزبېشى ۋە باشقا سەركەردىلەر پەرۋەردىگارغا تەقدىم قىلغان بۇيۇملار ساقلانغانىدى. 27ئۇلار جەڭلەردە قولغا چۈشۈرگەن ئولجىلارنىڭ بىر قىسمىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى ياخشىلاش ئۈچۈن تەقدىم قىلاتتى. 28ئىبادەتخانىدىكى بارلىق سوۋغاتلارنى، يەنى غايىبنى بىلگۈچى سامۇئىل، كىشنىڭ ئوغلى پادىشاھ سائۇل، نېرنىڭ ئوغلى ئابنېر ۋە مەزلۇم زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئابلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ تەقدىم قىلغان سوۋغاتلارنىمۇ شىلومىت ۋە ئۇنىڭ جەمەتى باشقۇراتتى.

29يىزھارنىڭ ئەۋلادى كىنانيا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئىسرائىلىيەنىڭ مەمۇرىي ۋە دەۋا ئىشلىرىغا تەيىنلىنىپ، ئىبادەتخانىنىڭ سىرتىدىكى ئىشلارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل قىلىندى.

30ھىبرون ئەۋلادىدىن بولغان خاشابيا ۋە ئۇنىڭ بىر مىڭ يەتتە يۈز نەپەر تۇغقىنى مەمۇرىي ئىشلارغا تەيىنلەندى، ئۇلار قابىلىيەتلىك ئادەملەر ئىدى. ئۇلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي تەرىپىدىكى ئىسرائىل قەبىلىلىرىگە مەسئۇل بولۇپ، پەرۋەردىگار ۋە پادىشاھنىڭ خىزمىتىنى قىلاتتى.

31نەسەبنامىدا خاتىرىلىنىشىچە ھىبرون ئەۋلادىدىن بولغان يىرىيا ھىبرون جەمەتىنىڭ باشلىقى ئىدى. داۋۇت پادىشاھ ھاكىمىيىتىنىڭ 40-يىلىدا نەسەبنامىلارغا دائىر بارلىق يازما ماتېرىياللار كۆرۈپ چىقىلغان بولۇپ، بۇ ماتېرىياللاردا گىلئادتىكى يازېر شەھىرىدە ھىبرون ئەۋلادى ئىچىدە قابىلىيەتلىك ئادەملەرنىڭ بارلىقى خاتىرىلەنگەنىدى. 32پادىشاھ داۋۇت يىرىيانىڭ تۇغقانلىرىدىن ئىككى مىڭ يەتتە يۈز نەپەر قابىلىيەتلىك جەمەت باشلىقلىرىنى مەمۇرىي ئىشلارغا مەسئۇل قىلىپ تەيىنلىدى. ئۇلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى رۇبېن، گاد قەبىلىلىرىگە ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ يېرىمىغا مەسئۇل بولۇپ، خۇدا ۋە پادىشاھنىڭ خىزمىتىنى قىلاتتى.

27

ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي قوشۇنى

1تۆۋەندىكىلەر ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى جەمەت باشلىقلىرى، مىڭبېشى ۋە يۈزبېشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەركەردىلەرنىڭ تىزىملىكى بولۇپ، بۇلار پادىشاھنىڭ خىزمىتىنى قىلاتتى. ئۇلار ھەر يىلى بىر ئايدىن نۆۋەتلىشىپ ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قىسىملارنى باشقۇراتتى. ھەربىر قىسىم 24 مىڭ ئادەمدىن تەشكىل تاپقانىدى.

2بىرىنچى ئايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قىسىمنىڭ سەركەردىسى زابدىئېلنىڭ ئوغلى ياشابئام ئىدى. ئۇنىڭ قىسىمى 24 مىڭ ئادەمدىن تەشكىل تاپقانىدى. 3ياشابئام پەرەس ئەۋلادىدىن بولۇپ، ئۇ شۇ ئايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قىسىمنىڭ بارلىق سەركەردىلىرىنى باشقۇراتتى.

4ئىككىنچى ئايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قىسىمنىڭ سەركەردىسى ئاخوۋاخ ئەۋلادىدىن بولغان دوداي بولۇپ، ئۇنىڭ ئوڭ قول ياردەمچىسى مىقلوت ئىدى. ئۇنىڭ قىسىمى 24 مىڭ ئادەمدىن تەشكىل تاپقانىدى.

5ئۈچىنچى ئايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قىسىمنىڭ سەركەردىسى بىنايا ئىدى. ئۇ روھانىي يىھويادانىڭ ئوغلى ئىدى. ئۇنىڭ قىسىمى 24 مىڭ ئادەمدىن تەشكىل تاپقانىدى. 6بىنايا «ئوتتۇز باھادىر» ئىچىدىكى باتۇر جەڭچى ئىدى. ئۇ يەنە «ئوتتۇز باھادىر»نىڭ سەركەردىسى ئىدى. بىنايانىڭ ئوغلى ئاممىزابادمۇ قىسىمنىڭ باش سەركەردىلىرىنىڭ بىرى ئىدى.

7تۆتىنچى ئايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قىسىمنىڭ سەركەردىسى يوئابنىڭ ئىنىسى ئاسائېل ئىدى. ئاسائېلدىن كېيىن ئوغلى زىباديا ئاتىسىنىڭ ئورنىغا چىقتى. ئۇنىڭ قىسىمى 24 مىڭ ئادەمدىن تەشكىل تاپقانىدى.

8بەشىنچى ئايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قىسىمنىڭ سەركەردىسى شامھۇت بولۇپ، ئۇ يىزراخ ئەۋلادىدىن ئىدى. ئۇنىڭ قىسىمى 24 مىڭ ئادەمدىن تەشكىل تاپقانىدى.

9ئالتىنچى ئايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قىسىمنىڭ سەركەردىسى تىقوۋالىق ئىققېشنىڭ ئوغلى ئىرا ئىدى. ئۇنىڭ قىسىمى 24 مىڭ ئادەمدىن تەشكىل تاپقانىدى.

10يەتتىنچى ئايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قىسىمنىڭ سەركەردىسى پىلونلۇق خەلەز بولۇپ، ئۇ ئەفرايىم قەبىلىسىدىن ئىدى. ئۇنىڭ قىسىمى 24 مىڭ ئادەمدىن تەشكىل تاپقانىدى.

11سەككىزىنچى ئايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قىسىمنىڭ سەركەردىسى خۇشاھلىق سىببىكاي بولۇپ، سىببىكاي زەراخ ئەۋلادىدىن ئىدى. ئۇنىڭ قىسىمى 24 مىڭ ئادەمدىن تەشكىل تاپقانىدى.

12توققۇزىنچى ئايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قىسىمنىڭ سەركەردىسى ئاناتوتلۇق ئابىئەزەر بولۇپ، ئۇ بىنيامىن قەبىلىسىدىن ئىدى. ئۇنىڭ قىسىمى 24 مىڭ ئادەمدىن تەشكىل تاپقانىدى.

13ئونىنچى ئايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قىسىمنىڭ سەركەردىسى نىتوفالىق ماھراي بولۇپ، ئۇ زەراخ ئەۋلادىدىن ئىدى. ئۇنىڭ قىسىمى 24 مىڭ ئادەمدىن تەشكىل تاپقانىدى.

14ئون بىرىنچى ئايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قىسىمنىڭ سەركەردىسى پىرئاتونلۇق بىنايا بولۇپ، ئۇ ئەفرايىم قەبىلىسىدىن ئىدى. ئۇنىڭ قىسىمى 24 مىڭ ئادەمدىن تەشكىل تاپقانىدى.

15ئون ئىككىنچى ئايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قىسىمنىڭ سەركەردىسى نىتوفالىق خەلداي بولۇپ، ئۇ ئوتنىئېل ئەۋلادىدىن ئىدى. ئۇنىڭ قىسىمى 24 مىڭ ئادەمدىن تەشكىل تاپقانىدى.

ئىسرائىلىيەدىكى قەبىلىلەرنىڭ باشلىقلىرى

16تۆۋەندىكىلەر ئىسرائىلىيەدىكى قەبىلىلەر باشلىقلىرىنىڭ تىزىملىكىدۇر.

رۇبېن قەبىلىسىنىڭ باشلىقى _ زىكرىنىڭ ئوغلى ئەلىئەزەر،

شىمون قەبىلىسىنىڭ باشلىقى _ مائاكانىڭ ئوغلى شىفاتيا،

17لاۋىي قەبىلىسىنىڭ باشلىقى _ كىمۇئېلنىڭ ئوغلى خاشابيا،

ھارۇن جەمەتىنىڭ باشلىقى _ زادوق،

18يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ باشلىقى _ داۋۇتنىڭ ئاكىسى ئەلىھۇ،

ئىسساكار قەبىلىسىنىڭ باشلىقى _ مىكائىلنىڭ ئوغلى ئومرى.

19زەبۇلۇن قەبىلىسىنىڭ باشلىقى _ ئوبادىيانىڭ ئوغلى يىشمايا،

نافتالى قەبىلىسىنىڭ باشلىقى _ ئازرىئېلنىڭ ئوغلى يىرىموت،

20ئەفرايىم قەبىلىسىنىڭ باشلىقى _ ئازازيانىڭ ئوغلى ھوشىيا،

ماناسسە قەبىلىسىنىڭ غەربىي يېرىمىنىڭ باشلىقى _ پىدايانىڭ ئوغلى يوئېل،

21گىلئادتىكى ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىنىڭ باشلىقى _ زىكىرىيانىڭ ئوغلى ئىددو،

بىنيامىن قەبىلىسىنىڭ باشلىقى _ ئابنېرنىڭ ئوغلى يائاسىئېل،

22دان قەبىلىسىنىڭ باشلىقى _ يىروخامنىڭ ئوغلى ئازارئېل،

ئىسرائىلىيەدىكى ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ باشلىقلىرى ئەنە شۇلاردىن ئىبارەت ئىدى.

23داۋۇت ئىسرائىل خەلقىنى تىزىمغا ئالغاندا، يىگىرمە ياشتىن تۆۋەنلەرنى تىزىملىمىغانىدى. چۈنكى پەرۋەردىگار: «مەن ئىسرائىللارنىڭ سانىنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپ قىلىمەن» دەپ ۋەدە قىلغانىدى. 24مەزلۇم زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئاب خەلقنى تىزىملاشنى باشلىغان بولسىمۇ، لېكىن تولۇق تىزىملاپ بولالمىغانىدى. چۈنكى ئۇ خەلقنى تىزىمغا ئالغاندا، پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا غەزەپلەنگەنىدى. شۇڭا ئۇلارنىڭ سانى پادىشاھ داۋۇتنىڭ تەزكىرىسىگە كىرگۈزۈلمىگەنىدى.

ئوردىنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى باشقۇرغۇچىلار

25ئادىئېلنىڭ ئوغلى ئازماۋەت ئوردىنىڭ ئامبارلىرىغا مەسئۇل ئىدى.

ئۇززىيانىڭ ئوغلى يوناتان ئىسرائىلىيەنىڭ شەھەرلىرى ۋە شەھەر ئەتراپىدىكى رايون، يېزا-قىشلاق ۋە قورغانلىرىغا قاراشلىق ئامبارلارغا مەسئۇل ئىدى.

26كىلۇبنىڭ ئوغلى ئەزرى دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىدى.

27راماھلىق شىمئى ئۈزۈمزارلىقلارغا مەسئۇل ئىدى.

شىفاملىق زابدى ئۈزۈمزارلىقتىكى شاراب ساقلىنىدىغان ئامبارلارغا مەسئۇل ئىدى.

28گەدەرلىك بائال-خانان غەربىي ئېدىرلىقتىكى زەيتۇنلۇقلارغا ۋە ياۋا ئەنجۈرلۈكلەرگە مەسئۇل ئىدى.

يوئاش زەيتۇن ياغلىرىنى ساقلايدىغان ئامبارلارغا مەسئۇل ئىدى.

29شارونلۇق شىتراي شارون تۈزلەڭلىكىدىكى كالا پادىلىرىغا،

ئادلاينىڭ ئوغلى شافات جىلغىلاردىكى كالا پادىلىرىغا مەسئۇل ئىدى.

30ئىسمائىل ئەۋلادىدىن بولغان ئوبىل تۆگىلەرگە،

مېرونوتلۇق يەخدىيا ئېشەكلەرگە مەسئۇل ئىدى.

31ھاگرى ئەۋلادىدىن بولغان يازىز قوي ۋە ئۆچكە پادىلىرىغا مەسئۇل ئىدى.

يۇقىرىدىكى ئىسمى تىلغا ئېلىنغان مانا بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى داۋۇت پادىشاھنىڭ مال-مۈلكىنى باشقۇراتتى.

32داۋۇتنىڭ تاغىسى يوناتان دانىشمەن ئادەم بولۇپ، ئۇ مەسلىھەتچى ۋە پۈتۈكچى ئىدى. خاكمونىنىڭ ئوغلى يىخىئېل پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ تەلىم-تەربىيەسىگە مەسئۇل ئىدى. 33ئاخىتوفەل پادىشاھنىڭ مەسلىھەتچىسى ئىدى. ئاركى جەمەتىدىن بولغان خۇشاي پادىشاھنىڭ دوستى ئىدى. 34ئاخىتوفەلدىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا بىنايانىڭ ئوغلى يىھويادا ۋە ئەبىياتار مەسلىھەتچىلەر بولدى. يوئاب پۈتۈن قوشۇننىڭ باش سەركەردىسى ئىدى.

28

داۋۇتنىڭ ئىبادەتخانىنى قۇرۇش توغرىسىدىكى كۆرسەتمىلىرى

1داۋۇت پادىشاھ ئىسرائىلىيەدىكى بارلىق ئەمەلدارلارنى يەنى ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ باشلىقلىرىنى، پادىشاھقا خىزمەت قىلىۋاتقان ھەرقايسى ھەربىي قىسىملارنىڭ سەركەردىلىرىنى، مىڭبېشى، يۈزباشلىرىنى، پادىشاھ ۋە شاھزادىلەرنىڭ مال-مۈلۈك، چارۋىلىرىنى باشقۇرغۇچىلارنى، ئوردا خىزمەتكارلىرىنى، باھادىرلارنى ۋە باشقا بارلىق باتۇر جەڭچىلەرنى يېرۇسالېمغا چاقىرتتى.

2داۋۇت پادىشاھ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ قېرىنداشلىرىم، خەلقىم، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار! مەن ئەسلى پەرۋەردىگارنىڭ پۇت قويغۇچى بولغان ئەھدە ساندۇقىنى ساقلايدىغان بىر ئىبادەتخانا سالماقچى ئىدىم. مەن بۇنىڭ ئۈچۈن قۇرۇلۇش تەييارلىقلىرىنى پۈتتۈرۈپ قويغانىدىم. 3لېكىن خۇدا: «مېنىڭ نام-شەرىپىم ئۈچۈن ئىبادەتخانىنى سەن سالساڭ بولمايدۇ، چۈنكى سەن ئىلگىرى كۆپ جەڭلەرنى قىلىپ، نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ قېنىنى تۆكتۈڭ» دېدى. 4ھالبۇكى، پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا پۈتۈن جەمەتىمىز ئىچىدىن مېنى تاللاپ، ئىسرائىل خەلقىنىڭ مەڭگۈلۈك پادىشاھى قىلىپ تىكلىدى. چۈنكى ئۇ، بۇ تاللاشتا يەھۇدا قەبىلىسىنى ئاساس قىلدى، يەھۇدا قەبىلىسى ئىچىدىن ئاتامنىڭ جەمەتىنى مۇۋاپىق كۆردى. ئاتامنىڭ ئوغۇللىرى ئىچىدىن ئۇ مېنى ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھى قىلىپ تىكلەشنى خالىدى. 5پەرۋەردىگار ماڭا كۆپ ئوغۇل بەردى ھەمدە بۇ ئوغۇللىرىمنىڭ ئارىسىدىن سۇلايماننى ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھلىققا تاللاپ، پەرۋەردىگارنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇرغۇزدى.

6پەرۋەردىگار ماڭا: «مېنىڭ ئىبادەتخانامنى ۋە ھويلىلىرىمنى ئوغلۇڭ سۇلايمان سالىدۇ. مەن سۇلايماننى ئۆزۈمگە ئوغۇل قىلىپ تاللىدىم، مەن ئۇنىڭ ئاتىسىدۇرمەن. 7ئەگەر ئۇ بۈگۈنكىدەك مېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىمنى ھەر دائىم قەتئىي ئىجرا قىلسا، مەن ئۇنىڭ تەختىنى مەڭگۈ مۇستەھكەم قىلىمەن.» دېدى.

8شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىر مەن پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتى بولغان پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ئالدىدا، شۇنداقلا خۇدايىمىزنىڭ گۇۋاھلىقىدا سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ بارلىق ئەمرلىرىنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي ئىجرا قىلىشىڭلار كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا، مانا بۇ گۈزەل زېمىنغا ئىگە بولالايسىلەر، شۇنداقلا ئۇنى ئەۋلادلىرىڭلارغىمۇ مەڭگۈ مىراس قىلىپ قالدۇرالايسىلەر.

9ئوغلۇم سۇلايمان، ئاتاڭ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانى تونۇغىن، پۈتۈن جان-دىلىڭ ۋە ئىختىيارلىقىڭ بىلەن ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولغىن. چۈنكى ئۇ ھەربىر ئىنساننىڭ كۆڭلىدىكىنى، ئۇنىڭ نىيىتىنى بىلىدۇ. ئەگەر سەن ئۇنى ئىزدىسەڭ، ئۇنى چوقۇم تاپالايسەن، ئەگەر سەن ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈسەڭ، ئۇمۇ سېنى مەڭگۈ تاشلاپ كېتىدۇ. 10گېپىمگە قۇلاق سال، پەرۋەردىگار مۇقەددەس جاي بولغان ئىبادەتخانىنى سېلىشقا سېنى تاللىغان ئىكەن، دادىل بول، بۇ ئىشقا بەل باغلا!

11داۋۇت ئىبادەتخانىنىڭ قۇرۇلمىسىنى، يەنى ئىبادەتخانىنىڭ ئايۋىنى، ئامبارلىرى، يۇقىرى ۋە ئىچكىرى خانىلىرىنىڭ ھەمدە ئەڭ مۇقەددەس جاي _ گۇناھتىن پاكلىنىش جايىنىڭ لايىھەسىنى ئوغلى سۇلايمانغا بەردى. 12داۋۇت ئۇنىڭغا يەنە ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىلىرى، ئەتراپىدىكى ئۆيلەر ۋە خۇداغا ئاتالغان سوۋغاتلارنى ساقلايدىغان خەزىنىلەر ھەققىدىمۇ پەرۋەردىگارنىڭ كۆڭلىگە سالغانلىرى بويىچە كۆرسەتمە بەردى. 13داۋۇت ئۇنىڭغا يەنە روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنى قانداق تەشكىللەشكە، ئۇلارنىڭ ئىبادەتخانىدا قىلىدىغان خىزمەتلىرىگە ۋە خىزمەت قىلغاندا ئىشلىتىلىدىغان بۇيۇملارغا ئائىت ئىشلارنىمۇ چۈشەندۈردى.

14ئۇنىڭغا يەنە خۇدانىڭ خىزمىتىدە ئىشلىتىلىدىغان تۈرلۈك بۇيۇملارغا كېتىدىغان ئالتۇن، كۈمۈشنىڭ مىقدارى، 15يەنى ھەربىر ئالتۇن ۋە كۈمۈش چىراغ ۋە چىراغدانلارنىڭ ئىشلىتىلىدىغان ئورنىغا قاراپ، ئۇنىڭغا كېتىدىغان ئالتۇن ۋە كۈمۈشنىڭ مىقدارى، 16خۇداغا ئاتالغان نانلارنى قويىدىغان ئالتۇن شىرەلەرگە كېتىدىغان ئالتۇننىڭ مىقدارى ۋە كۈمۈش شىرەلەرگە كېتىدىغان كۈمۈشنىڭ مىقدارى، 17ھەربىر ئالتۇن ئارا، ئالتۇن داس، ئالتۇن كومزەك ۋە ئالتۇن، كۈمۈش تەخسىلەرگە كېتىدىغان ئالتۇن ۋە كۈمۈشنىڭ مىقدارى، 18ئالتۇن ئىسرىقدانغا كېتىدىغان ئالتۇننىڭ مىقدارىنى بەلگىلەپ بەردى. شۇنداقلا، ئالتۇن ھارۋىدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۈستىنى ئېچىلغان قاناتلىرى بىلەن يېپىپ تۇرىدىغان ئالتۇن كېرۇبنىڭ لايىھەسىنىمۇ سۇلايمانغا بەردى. 19داۋۇت مۇنداق دېدى:

_ مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا ئۆز قولى بىلەن كۆرسەتكەنلىرى بويىچە، بىرمۇبىر تەپسىلى يېزىپ چىقتىم.

20ئۇ ئوغلى سۇلايمانغا يەنە:

_ سەن قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بول، ئىشنى باشلا! ھەرگىز قورقما ھەم چۈشكۈنلەشمە. چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدا، يەنى مەن ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا سەن بىلەن بىرگىدۇر. شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى چوقۇم قۇرۇلىدۇ، پەرۋەردىگار سەندىن ھەرگىز ئايرىلمايدۇ، سېنى تاشلىمايدۇ. 21مانا قارا، خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا روھانىيلار ۋە لاۋىيلار ھەرقانداق خىزمەتلەرنى قىلىشقا تەييار تۇرىدۇ. ئۇستا ھۈنەرۋەنلەرمۇ ساڭا جان-دىلى ۋە ئىختىيارلىقى بىلەن ياردەم قىلىدۇ. پۈتۈن ئەمەلدار ۋە خەلق سېنىڭ بۇيرۇقۇڭغا بويسۇنىدۇ، _ دېدى.

29

ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشى ئۈچۈن قىلىنغان سوۋغاتلار

1داۋۇت پادىشاھ پۈتۈن جامائەتكە مۇنداق دېدى:

_ خۇدا تاللىغان ئوغلۇم سۇلايمان تېخى ياش ھەم تەجرىبىسىز، ئەمما قىلىدىغان ئىشى ئىنتايىن بۈيۈكتۇر. ئىنتايىن چوڭ بىر قۇرۇلۇش، چۈنكى ئىبادەتخانا ئىنسانلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگار خۇدانىڭ شان-شەرىپى ئۈچۈن سېلىنىدۇ. 2خۇدايىمنىڭ بۇ ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن مەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن يېتەرلىك ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ، تۆمۈر ۋە ياغاچ ماتېرىياللارنى تەييارلاپ قويدۇم. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كۆپلىگەن سىزىقلىق ھېقىق، فىرۇزە تاشلار، رەڭلىك تاشلار، مەرمەر ۋە ھەر خىل قىممەت باھالىق تاشلارنىمۇ تەييارلاپ قويدۇم. 3مەن خۇدايىمنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا بولغان ساداقىتىمنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن يۇقىرىقىدەك ماتېرىياللارنى تەييارلىغاندىن باشقا يەنە ئۆزۈمنىڭ ئەتىۋارلاپ ساقلاپ قويغان ئالتۇن، كۈمۈشلىرىمنىمۇ ھەدىيە قىلماقچىمەن. 4مەن ئىبادەتخانىنىڭ تاملىرىنى زىننەتلەشكە 100 توننا ئوفىر ئالتۇنى ۋە 240 توننا كۈمۈش ھەدىيە قىلىمەن. 5ئۇستا ھۈنەرۋەنلەر ئۇنىڭدىن ئالتۇن ۋە كۈمۈش جابدۇقلارنىمۇ ياسايدۇ. قېنى، بۈگۈن يەنە كىم پەرۋەردىگارغا خالىس ھەدىيە بېرىشنى خالايدۇ؟

6شۇنىڭ بىلەن ھەرقايسى جەمەت باشلىقلىرى، ئىسرائىلىيەدىكى ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ يولباشچىلىرى، مىڭبېشى، يۈزبېشىلار ۋە ئوردا ئەمەلدارلىرى ئۆز كۆڭۈللىرىدىن چىقىرىپ سوۋغاتلار ھەدىيە قىلدى. 7ئۇلار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن 180 توننا 84 كىلو ئالتۇن، 360 توننا كۈمۈش، 650 توننا تۇچ ۋە 3600 توننا تۆمۈر ھەدىيە قىلدى. 8كىمدە قىممەت باھالىق تاشلار بولسا، ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ خەزىنىسىگە تاپشۇردى. ئامبارغا گېرشون ئەۋلادىدىن بولغان يىخىئېل قارايتتى. 9خەلق چىن دىلىدىن خۇداغا ئاتاپ ھەدىيە بەرگەن بۇ ئادەملەردىن سۆيۈندى. پادىشاھ داۋۇتمۇ خۇرسەن بولدى.

داۋۇتنىڭ خۇدانى مەدھىيەلىشى

10داۋۇت پۈتۈن جامائەت ئالدىدا پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەپ ھەمدۇسانا ئوقۇدى:

«ئى پەرۋەردىگار _ ئەجدادىمىز ئىسرائىل ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا،

ساڭا ئەبەدىلئەبەد مەدھىيەلەر بولسۇن!

11ئى پەرۋەردىگار، ئۇلۇغلۇق، قۇدرەت، شان-شۆھرەت ۋە بۈيۈكلۈك ساڭا مەنسۇپتۇر.

ئاسمان ۋە زېمىندىكى بارچە نەرسە ساڭا تەۋەدۇر!

ئى پەرۋەردىگار، بۇ سېنىڭ پادىشاھلىقىڭدۇر،

سەن ھەممىدىن يۈكسەك ھۆكۈمراندۇرسەن!

12بايلىق ۋە شۆھرەت سەندىن كېلىدۇ،

سەن پۈتكۈل مەۋجۇداتنىڭ ھۆكۈمرانىسەن،

سەن پۈتكۈل ھوقۇق ۋە كۈچ-قۇدرەتنىڭ ئىگىسىدۇرسەن،

ھەركىمنى يۈكسەك، كۈچلۈك قىلىش سېنىڭ ئىلىكىڭدىدۇر.

13ئى خۇدايىمىز، بىز ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمىز، سېنىڭ شەرەپلىك نامىڭنى ئۇلۇغلايمىز!

14مەن كىم ئىدىم، مېنىڭ خەلقىم كىم ئىدى.

بىز قانداقمۇ ساڭا ھەدىيە قىلىشقا لايىق كېلىمىز؟

چۈنكى پۈتۈن نەرسە سەندىن كېلىدۇ.

بىز پەقەت سەندىن ئالغان نەرسىنى ئۆزۈڭگە قايتۇردۇق، خالاس!

15بىز سېنىڭ ئالدىڭدا خۇددى ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا ئوخشاش

پەقەت ئۆتكۈنچى مېھمانمىز،

بىزنىڭ بۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىز خۇددى كۆلەڭگىدەك ئىزسىز تېزلا ئۆتۈپ كېتىدۇ.

16ئى پەرۋەردىگارىمىز خۇدا،

بىز سېنىڭ مۇقەددەس نام-شەرىپىڭگە ئاتاپ سالماقچى بولغان ئىبادەتخانىغا تەييارلىغان بۇ بايلىقلارمۇ سەندىن كەلگەن،

ھەممىسى ساڭا مەنسۇپتۇر.

17ئى خۇدايىم، سېنىڭ كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى سىنايدىغانلىقىڭنى بىلىمەن،

سەن دۇرۇس ئادەملەردىن خۇرسەن بولىسەن.

مەن بەرگەن نەرسىلەرنى چىن دىلىمدىن ساڭا ئاتىدىم،

شۇنداقلا مەن بۇ يەردە تۇرغان خەلقىڭنىڭ خۇشاللىق ۋە ئۆز ئىختىيارى بىلەن بايلىقلىرىنى ساڭا تەقدىم قىلغانلىقىنى كۆردۈم.

18ئى پەرۋەردىگار _ ئەجدادلىرىمىز ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ئىسرائىل ئېتىقاد قىلغان خۇدا!

خەلقىڭنى مەڭگۈ مۇشۇنداق ئۆزۈڭگە قىزغىن قىلغايسەن،

ئۇلارنى ئۆزۈڭگە سادىق قىلغايسەن.

19ئوغلۇم سۇلايماننىڭ سېنىڭ ئەمر، قانۇن ۋە قائىدىلىرىڭگە رىئايە قىلىشى،

شۇنداقلا مەن تەييارلاپ قويغان ئاشۇ ماتېرىياللارنى ئىشلىتىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىبادەتخانىنى قۇرۇپ چىقىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا كۈچلۈك ئىستەك ئاتا قىلغايسەن.»

20كېيىن داۋۇت پۈتۈن جامائەتكە قاراپ: «پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار» دېدى. شۇنىڭ بىلەن جامائەت ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ھەمدۇسانا ئېيتتى. ئۇلار پەرۋەردىگارغا ۋە پادىشاھقا بېشىنى يەرگە تەگكۈزۈپ، تەزىم قىلدى.

سۇلايماننىڭ پادىشاھلىققا قايتا تەيىنلىنىشى

21ئۇلار ئەتىسى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلدى. ئۇلار پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە ۋاكالىتەن مىڭ تۇياق بۇقا، مىڭ تۇياق قوچقار، مىڭ تۇياق پاقلاننى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تۆكىدىغان ئىچىملىك ھەدىيەسى ۋە نۇرغۇنلىغان باشقا قۇربانلىقلارنىمۇ تەقدىم قىلدى. 22ئۇ كۈنى خەلق پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا شاد-خۇراملىق بىلەن يەپ-ئىچىشتى.

ئۇلار يەنە بىر قېتىم داۋۇتنىڭ ئوغلى سۇلايماننى پادىشاھ دەپ جاكارلاشتى. ئۇلار پەرۋەردىگار ئالدىدا سۇلايمان ۋە زادوقنىڭ باشلىرىغا ياغ قۇيۇپ، سۇلايماننى پادىشاھ، زادوقنى روھانىي قىلىپ تەيىنلىدى. 23شۇنىڭ بىلەن سۇلايمان ئاتىسى داۋۇتقا ۋارىسلىق قىلىپ، پەرۋەردىگار ئاتا قىلغان پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇردى. ئۇ ھەممە ئىشلىرىدا مۇۋەپپەقىيەت قازاندى، پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلدى. 24بارلىق ئەمەلدارلار، باتۇر جەڭچىلەر ۋە داۋۇت پادىشاھنىڭ ھەممە ئوغۇللىرى پادىشاھ سۇلايمانغا ساداقىتىنى بىلدۈرۈشتى. 25پەرۋەردىگار سۇلايماننى پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ئالدىدا شۇ قەدەر ئىززەت-ئابرويغا ئىگە قىلدىكى، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرقانداق بىر پادىشاھى بۇنداق شۆھرەتكە مۇيەسسەر بولۇپ باقمىغانىدى.

داۋۇتنىڭ ۋاپاتى

26يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇت پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولغانىدى. 27ئۇ ئىسرائىلىيەگە 40 يىل پادىشاھ بولدى. ھىبروندا يەتتە يىل، يېرۇسالېمدا 33 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 28داۋۇت ئۇزۇن ئۆمۈر كۆردى، يۈكسەك باي-باياشاتلىق ۋە ئىززەت-ھۆرمەت بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ ئورنىغا ئوغلى سۇلايمان پادىشاھ بولدى.

29داۋۇت پادىشاھنىڭ پۈتكۈل ئىش-ئىزلىرى غايىبنى بىلگۈچى سامۇئىل، ناتان پەيغەمبەر ۋە غايىبنى بىلگۈچى گادنىڭ تەزكىرىلىرىگە كىرگۈزۈلگەنىدى. 30داۋۇتنىڭ پادىشاھ بولغان ۋاقىتلىرىدا كۆرسەتكەن قەھرىمانلىقلىرى، ئۇنىڭ ۋە ئىسرائىل خەلقىنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ۋەقەلىكلىرى ھەمدە ئىسرائىلىيەنىڭ ئەتراپىدىكى پادىشاھلىقلاردا يۈز بەرگەن ئىشلارمۇ شۇ تەزكىرىلەرگە كىرگۈزۈلگەنىدى.