«تارىخلار 1- قىسىم»

قىسقىچە چۈشەندۈرۈش

«مۇقەددەس كىتاب»نىڭ ئىچىدىكى «تارىخلار» قىسمىنىڭ 1- ۋە 2- قىسىملىرى ئەسلىدە بىرلا قىسىم ئىدى. بۇ قىسىملاردا خۇدانىڭ خەلقىنىڭ ئادەمئاتىدىن تارتىپ تاكى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 538-يىلى بابىلدىكى سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگۈچە بولغان ئارىلىقتىكى تارىخى بايان قىلىنىدۇ. گەرچە بۇ ئىككى قىسىمدا «سامۇئىل» ۋە «پادىشاھلار»دىن ئىبارەت قىسىملاردىكى كۆپ ۋەقەلەر تەكرار بايان قىلىنسىمۇ، ئەمما ئىسرائىللارنىڭ تارىخى ئوخشاش بولمىغان نۇقتىئىنەزەردىن كۆرسىتىپ بېرىلگەن. مۇئەللىپ «تارىخلار»دا داۋۇت پادىشاھ ۋە سۇلايمان پادىشاھنى ئاساسىي شەخسلەر سۈپىتىدە بايان قىلىدۇ ۋە يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىنى ئىسرائىللارنىڭ خۇداغا ئىبادەت قىلىدىغان مەركىزى قىلىپ كۆرسىتىدۇ.

بۇ قىسىمنىڭ مەركىزىي ئىدىيەسى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئادەم ۋە نەرسىلەر ئۆزگەرسىمۇ، ئەمما خۇدانىڭ ئۆز خەلقىگە بولغان ساداقىتى مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ. مۇئەللىپى تارىخلار1-قىسىمدا شۇنى ھەم كۆرسىتىپ ئۆتكەنكى، خۇدانىڭ خەلقى گەرچە يەتمىش يىلغا يېقىن ۋاقىت سۈرگۈندە يۈرسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۆز زېمىنى بىلەن بولغان باغلىنىشى ئۈزۈلمىگەن.

دەسلەپكى سەككىز باب خۇدانىڭ خەلقىنىڭ ئادەمئاتىدىن تارتىپ باشلانغان ئەجدادلىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. توققۇزىنچى باب بولسا يۇقىرىقى تىزىملىكنى بابىلدىكى سۈرگۈندىن قايتقان ئائىلىلەرنىڭ تىزىملىكى بىلەن باغلايدۇ. ئاخىرقى بابلار داۋۇت پادىشاھ ھەققىدىكى ۋەقەلەرنى، جۈملىدىن ئۇنىڭ ئادىللىق بىلەن ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە مۇناسىۋەتلىك تەپسىلاتلارنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئوغلى سۇلايماننىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

تېزىس:

1. نەسەبنامە ۋە تىزىملىك (1 _ 9 بابلار)

2. پادىشاھ سائۇلنىڭ ئۆلۈمى (10-باب)

3. پادىشاھ داۋۇتنىڭ ھۆكۈمرانلىقى (11 ‏_ 29-بابلار)، توسقۇنلۇق ۋە ئۇتۇقلار (11 ‏_ 21-بابلار)، ئىبادەتخانا قۇرۇش تەييارلىقى (22 ‏_ 29-بابلار)