سامۇئىل 1- قىسىم


1

ئەلقانا ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى

1ئەفرايىم تاغلىق رايونىغا جايلاشقان راماتايىم-زوفىم*شەھىرىدە بىر كىشى ياشايتتى، ئۇنىڭ ئىسمى ئەلقانا بولۇپ، ئۇ يىروخامنىڭ ئوغلى ئىدى. يىروخام ئەلىھۇنىڭ ئوغلى، ئەلىھۇ تۆھۈنىڭ ئوغلى، تۆھۈ ئەفرايىم قەبىلىسىدىن بولغان زۇفنىڭ ئوغلى ئىدى.

2ئەلقانانىڭ ھاننا ۋە پىنىننا ئىسىملىك ئىككى ئايالى بولۇپ، ئىككىنچى ئايالى پىنىننادىن پەرزەنتلىرى بار ئىدى، ئەمما ھاننادىن پەرزەنت كۆرمىگەنىدى.

3ئەلقانا ھەر يىلى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىپ، ئۇنىڭغا قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن ئۆز شەھىرىدىن شىلو*شەھىرىگە ئائىلىسى بىلەن بىللە باراتتى. ئۇ يەردە ئەلىنىڭ ئىككى ئوغلى، خوفنى بىلەن پىنىخاس پەرۋەردىگارغا روھانىيلىق قىلاتتى. 4ئەلقانا قۇربانلىق قىلغان كۈنى قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى پىنىنناغا ۋە ئۇنىڭ قىز-ئوغۇللىرىغا بىر ئۈلۈشتىن بۆلۈپ بېرەتتى. 5ھانناغا بولسا قوش ئۈلۈش بېرەتتى. چۈنكى ئەلقانا ئۇنى ياخشى كۆرەتتى. ۋاھالەنكى پەرۋەردىگار ئۇنى تۇغماس قىلىپ قويغانىدى. 6ھاننانى پەرۋەردىگار تۇغماس قىلىپ قويغانلىقى ئۈچۈن كۈندىشى پىنىننا ئۇنىڭغا قاتتىق ئازار بېرىپ، خاپا قىلاتتى. 7بۇنداق قىلىش ئۇزۇن يىل داۋاملاشتى. ھاننا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتگاھىغا ھەر قېتىم بارغىنىدا، پىنىننا ئۇنىڭغا ئازار بېرەتتى. شۇ سەۋەبلىك ئۇ كۆز يېشى قىلاتتى، گېلىدىن غىزامۇ ئۆتمەيتتى. 8ئېرى ئەلقانا ئۇنىڭغا:

_ ھاننا، نېمىشقا كۆز يېشى قىلىسەن؟ نېمىشقا غىزا يېمەيسەن؟ نېمىشقا شۇنچىۋالا غەمكىنسەن؟ مەن سەن ئۈچۈن ئون ئوغۇلدىنمۇ ئارتۇق ئەمەسمۇ؟ _ دەيتتى.

9-10بىر كۈنى ئۇلار شىلودا غىزالىنىپ بولغاندىن كېيىن، ھاننا ئورنىدىن تۇرۇپ، دۇئا قىلىشقا چىقتى. ئۇ چاغدا روھانىي ئەلى ئىبادەتگاھ دەرۋازىسىنىڭ يېنىدىكى سۇپىدا ئولتۇراتتى. ھاننانىڭ كۆڭلى قاتتىق ئازار يېگەنلىكتىن زار-زار يىغلىغان ھالدا پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى. 11ئۇ پەرۋەردىگارغا قەسەم قىلىپ:

_ ئى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، بەندەڭنىڭ قايغۇسىغا نەزەر سالغايسەن. مېنى ئېسىڭگە ئالغايسەن، ئۇنتۇمىغايسەن! ئەگەر ماڭا بىر ئوغۇل بەرسەڭ، مەن ئۇنى ئۆمۈرلۈك ساڭا بېغىشلىغان، بېشىغا ئۆمۈرۋايەت ئۇستىرا تەگكۈزمىگەن بولاتتىم،* _ دېدى.

12ھاننا پەرۋەردىگارغا ئۇزاق دۇئا قىلدى. ئەلى بولسا ئۇنىڭ ئاغزىغا سەپسېلىپ تۇراتتى. 13ھاننا ئىچىدە دۇئا قىلىپ، ئاۋازىنى چىقارمىدى. پەقەت ئۇنىڭ لەۋلىرىلا مىدىرلايتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەلى ئۇنى مەست ئىكەن، دەپ ئويلىدى-دە، 14ئۇنىڭغا:

_ قاچانغىچە مەست يۈرىسەن؟ شارابتىن ئۆزۈڭنى تارت! _ دېدى.

15ھاننا ئۇنىڭغا:

_ ياق، ئۇنداق ئەمەس تەقسىر. مەن پەرىشان بىر ئايالمەن. ھاراق-شاراب ئىچمىدىم، پەقەت پەرۋەردىگارغا كۆڭلۈمنى تۆكتۈم. 16مېنى يامان ئايال دەپ قالمىسىلا، غەم-قايغۇلىرىمنىڭ كۆپلىكىدىن شۇنداق دۇئا قىلدىم، _ دېدى.

17_ ئامان-ئېسەن قايتقىن. ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا تىلىگىنىڭنى بەرگەي، _ دېدى ئەلى.

18ھاننا جاۋابەن:

_ كۆز ئالدىلىرىدا ئىلتىپات تاپقايمەن، _ دېدى.

ئاندىن ئۇ قايتىپ بېرىپ، غىزا يېدى، ئىلگىرىكىدەك غەمكىن بولمىدى.

سامۇئىلنىڭ تۇغۇلۇشى ۋە خۇداغا بېغىشلىنىشى

19ئەتىسى ئەلقانانىڭ ئائىلىسىدىكىلەر تاڭ سەھەردە تۇرۇپ، پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلغاندىن كېيىن، راماھتىكى ئۆيىگە قايتىپ كېلىشتى. ئەلقانا ئايالى ھاننا بىلەن بىر ئورۇندا ياتقانىدى، پەرۋەردىگار ھاننانىڭ تىلىكىنى ئىجابەت قىلدى. 20ھاننا ھامىلىدار بولۇپ، ۋاقىت-سائىتى توشقاندا بىر ئوغۇل تۇغدى. «ئۇنى پەرۋەردىگاردىن تىلىۋالدىم» دەپ، ئوغلىنىڭ ئېتىنى سامۇئىل*قويدى. 21شىلو شەھىرىگە بارىدىغان ۋاقىت يەنە كەلدى. ئەلقانا ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ، پەرۋەردىگارغا يىللىق قۇربانلىقىنى ۋە ۋەدە قىلغان قۇربانلىقىنى سۇنغىلى ئۇ يەرگە باردى. 22بۇ قېتىم ھاننا بارمىدى. ئۇ ئېرىگە:

_ بالا ئەمچەكتىن چىققاندىن كېيىن، ئۇنى ئېلىپ بارىمەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا بولىدۇ، ئۆمۈرۋايەت شۇ يەردە قالىدۇ، _ دېدى.

23ئەلقانا ئۇنىڭغا:

_ مەيلى، قانداق قىلىشنى ياخشى دەپ بىلسەڭ شۇنداق قىل. بالا ئەمچەكتىن چىققۇچە ئۆيدە تۇرۇپ تۇرغىن. پەرۋەردىگار قەسىمىڭنى ئادا قىلىشىڭغا مەدەت بەرگەي، _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن ھاننا ئۆيدە قېلىپ، بالىسىنى ئېمىتتى.

24بالا ئەمچەكتىن چىققاندىن كېيىن، ھاننا ئۇنى شىلوغا ئېلىپ باردى ۋە ئۈچ ياشلىق بىر بۇقا، يېرىم خالتا ئۇن، بىر تۇلۇم شاراب ئالغاچ باردى. ھاننا سامۇئىلنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتگاھىغا ئېلىپ كىردى. بالا تېخى كىچىك ئىدى. 25بۇقا سويۇلغاندىن كېيىن، ھاننا بىلەن ئەلقانا بالىنى ئەلىنىڭ قېشىغا ئېلىپ كەلدى. 26ھاننا ئەلىگە:

_ تەقسىر، ھايات تۇرغانلىرى گۇۋاھ بولسۇنكى، 27بۇرۇن بۇ يەردە، يانلىرىدا تۇرۇپ، پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلغان ھېلىقى ئايال مەن بولىمەن. مەن پەرۋەردىگاردىن بالا تىلىگەنىدىم، پەرۋەردىگار تەلىپىمنى ئىجابەت قىلىپ، بۇ بالىنى ماڭا بەردى. 28شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇنى پەرۋەردىگارغا بېغىشلىدىم. ئۇ ئۆمۈرۋايەت پەرۋەردىگارغا ئاتالغان بولسۇن، _ دېدى.

شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلدى.



*1:1 راماتايىم شەھىرىنىڭ قىسقارتىلمىسى: راماھ (19-ئايەتكە قارالسۇن).

*1:3 شىلو شەھىرى شۇ چاغلاردا ئىسرائىللار ئۈچۈن دىنىي مەركەز ئىدى.

*1:11 بۇ ئەينى زاماندا، پەرۋەردىگارغا بېغىشلانغانلىقنىڭ بەلگىسى.

*1:20 ئىبرانىي تىلىدىكى بۇ سۆز ئاھاڭ جەھەتتە «خۇدا ئاڭلىدى» دېگەن سۆزگە يېقىن.



 

2

ھاننانىڭ پەرۋەردىگارغا ئوقۇغان مەدھىيەسى

1ھاننا مەدھىيە ئوقۇپ، مۇنداق دېدى:

ئى پەرۋەردىگار، شادلاندۇردىڭ قەلبىمنى،

رۇسلىدىڭ قەددىمنى.

دۈشمەنلىرىم ئالدىدا ماختىنار بولدۇم،

يايرىدىم سەن بەرگەچ نىجاتلىقىڭنى.

2پەرۋەردىگار بىردىنبىر مۇقەددەستۇر،

ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ تەڭدىشىڭ يوقتۇر.

خۇدايىمىزدەك پاناھگاھ قورام تاش يوقتۇر.

3ئارتۇق سۆزلىمەڭلار بېرىلىپ كىبىرلىككە،

ئاغزىڭلاردىن چىقمىسۇن تەكەببۇرلۇق سۆزلەر يەنە.

چۈنكى پەرۋەردىگار ھەممىنى بىلگۈچى خۇدادۇر،

قىلغان ئەمەللەرنى ئۇ تارتار تارازىدا.

4كۈچلۈكلەرنىڭ يالىرى سۇنار،

ئاجىزلار قۇدرەت كەمىرىنى باغلار.

5ئەمدى نان ئۈچۈن مەدىكاردۇر بۇرۇن توق بولغانلار،

بۇنىڭدىن كېيىن ئاچ قالماس، ئاچ قالغانلار.

تۇغماس ئايال يەتتىنى تۇغار،

كۆپ بالىلىق ئايال ئەمدى مۇسىبەتتە قالار.

6جاننى ئالغۇچىمۇ، بەرگۈچىمۇ پەرۋەردىگاردۇر،

گۆرگە چۈشۈرگۈچىمۇ، ئېلىپ چىققۇچىمۇ ئۇنىڭ ئۆزىدۇر.

7نامرات قىلغۇچىمۇ، باي قىلغۇچىمۇ پەرۋەردىگاردۇر.

پەس قىلغۇچىمۇ، ئېگىزگە كۆتۈرگۈچىمۇ ئۇنىڭ ئۆزىدۇر.

8ئۇ كۆتۈرۈپ ئالار كەمبەغەلنى چاڭ-توزاندىن،

ئېلىپ چىقار يوقسۇلنى ئەخلەت دۆۋىلىرىدىن.

ئېسىلزادىلەر ئارىسىدىن جاي بېرىپ ئۇلارغا،

مۇيەسسەر قىلار ئۇلارنى شان-شۆھرەت ئورنىغا.

چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭكىدۇر زېمىننىڭ ئۇللىرى،

ئۇ قويغاندۇر ئۇلارنىڭ ئۈستىگە دۇنيانى.

9ئۇ ئۆز تەقۋادارلىرىنىڭ يوللىرىنى قوغدار،

نۇسرەت تاپالماس ئىنسان ئۆز قۇدرىتى بىلەن،

يامانلار قاراڭغۇلۇقتا جىمىقتۇرۇلار.

10پەرۋەردىگارغا قارشىلىق قىلغۇچىلار بىتچىت قىلىنار،

ئۇ ئۆزى ئاسماندىن ئۇلارغا چاقماق چۈشۈرەر.

پەرۋەردىگار پۈتكۈل دۇنياغا ھۆكۈم چىقىرار.

ئۆزى تىكلىگەن پادىشاھقا كۈچ ئاتا قىلار،

ئۆزى تاللىغان پادىشاھنىڭ قۇدرىتىنى ئاشۇرار.

11كېيىن ئەلقانالار راماھقا قايتىپ كەتتى. لېكىن بالا سامۇئىل پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولۇش ئۈچۈن روھانىي ئەلىنىڭ ھۇزۇرىدا قالدى.

ئەلىنىڭ ئوغۇللىرى

12ئەلىنىڭ ئوغۇللىرى ئوسال بولۇپ، پەرۋەردىگارغا بىپەرۋا ئىدى. 13ئۇلار روھانىيلارنىڭ قۇربانلىق قىلىنغان گۆشنى ئېلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە بويسۇنماي، ئۆز خاھىشى بويىچە ئىش قىلاتتى. بىر كىشى قۇربانلىق قىلسا، گۆش تېخى داش قازاندا قايناۋاتقاندا، ئۇلارنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۈچ چىشلىق ئارا تۇتۇپ كېلىپ، 14ئۇنى گۆشكە سانجىپ، ئارىغا نېمە ئېلىنسا، شۇنى «روھانىيغا تەۋە» دەپ ئېلىپ كېتەتتى. مانا بۇ ئۇلارنىڭ شىلوغا قۇربانلىق قىلغىلى كەلگەن ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسىگە قىلغانلىرى ئىدى. 15بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، ھەتتا قۇربانلىقنىڭ يېغى كۆيدۈرۈلمەي تۇرۇپلا، ئۇلارنىڭ خىزمەتكارى كېلىپ، قۇربانلىق قىلغۇچىغا: «روھانىيغا كاۋاپ قىلىش ئۈچۈن گۆش بەر، ئۇ سەندىن سۇدا پىشۇرۇلغان گۆشنى ئەمەس، بەلكى خام گۆشنى ئېلىشنى خالايدۇ» دەيتتى. 16ئەگەر قۇربانلىق قىلغۇچى: «ئالدى بىلەن يېغى كۆيدۈرۈلسۇن، ئاندىن كېيىن خالىغىنىڭچە ئېلىۋەر!» دېسە، ئۇلارنىڭ خىزمەتكارى: «ياق، ھازىرلا بەر! بولمىسا بۇلاپ ئالىمەن!» دەيتتى.

17ئەلىنىڭ بۇ ئىككى ئوغلىنىڭ گۇناھى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تولىمۇ ئېغىر ئىدى. چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارغا سۇنۇلغان قۇربانلىققا شۇنداق ھۆرمەتسىزلىك قىلىشاتتى.

سامۇئىل شىلو شەھىرىدە

18ئۇ چاغدا سامۇئىل تېخى بالا ئىدى. ئۇ كەندىر رەختتىن تىكىلگەن روھانىيلىق تونىنى كىيىپ، پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولاتتى. 19ئانىسى ئۇنىڭغا ھەر يىلى بىر كىچىك چاپان تىكىپ، ئېرى بىلەن يىللىق قۇربانلىق قىلىشقا بارغىنىدا ئالغاچ باراتتى. 20ئەلى ئەلقانا ۋە ئۇنىڭ ئايالىغا بەخت تىلەپ، ئەلقاناغا:

_ پەرۋەردىگاردىن تىلەپ ئالغان ھەم ئۇنىڭغا بېغىشلىغان ئوغلۇڭنىڭ ئورنىغا، پەرۋەردىگار بۇ ئايالىڭدىن ساڭا پەرزەنتلەر ئاتا قىلغاي، _ دەيتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ئۆيىگە قايتاتتى. 21پەرۋەردىگار ھانناغا غەمخورلۇق قىلغاچقا، ئۇ ھامىلىدار بولۇپ، ئۈچ ئوغۇل، ئىككى قىز تۇغدى. بالا سامۇئىل بولسا پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ، كۈندىن-كۈنگە چوڭ بولدى.

ئەلىنىڭ ئوغۇللىرىنى ئەيىبلىشى

22ئەلى ناھايىتى قېرىپ كەتكەنىدى. ئۇ ئىككى ئوغلىنىڭ ئىسرائىل خەلقىگە قىلغان ئەتكەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى، ھەتتا ئۇلارنىڭ «پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرى»*ئالدىدا خىزمەت قىلىدىغان ئاياللار بىلەن بىر ئورۇندا ياتقانلىقىنى ئاڭلاپ تۇراتتى. 23ئەلى ئۇلارغا:

_ سىلەر نېمىشقا بۇنداق ئىشلارنى قىلىسىلەر؟ ھەممەيلەندىن سىلەرنىڭ قىلغان ئەسكىلىكىڭلارنى ئاڭلاپ تۇرۇۋاتىمەن. 24ئەي ئوغۇللىرىم، بۇنداق قىلماڭلار! مېنىڭ قۇلىقىمغا يەتكەن، پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن بۇ خەۋەرلەر ياخشى ئەمەس! 25ئەگەر بىر كىشى يەنە بىر كىشىگە قارشى گۇناھ ئۆتكۈزسە، خۇدا ئۇنىڭغا مۇرەسسەچى بولىدۇ. لېكىن بىر كىشى پەرۋەردىگارغا قارشى گۇناھ ئۆتكۈزسە، ئۇنىڭغا كىممۇ مۇرەسسەچى بولالىسۇن؟ _ دېدى.

لېكىن ئۇلار ئاتىسىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆلتۈرۈۋېتىلىشى پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى ئىدى.

26بالا سامۇئىل كۈندىن-كۈنگە پەرۋەردىگارنىڭ ۋە كىشىلەرنىڭ زوقىنى كەلتۈرۈپ، چوڭ بولدى.

27بىر كۈنى بىر پەيغەمبەر ئەلىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

_ پەرۋەردىگار دەيدۇكى: «ئىسرائىللار مىسىر پادىشاھىغا قۇل بولۇپ يۈرگەندە، مەن ئەجدادىڭ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇق-جەمەتىگە ئۆزۈمنى زاھىر قىلغانىدىم. 28مەن ئۇلارنى ئىسرىق كۆيدۈرۈپ، قۇربانلىق سۇپامدا قۇربانلىق قىلسۇن، ئالدىمدا ئېفود*كىيىمىنى كىيىپ ماڭا روھانىي بولسۇن دەپ، ئىسرائىللارنىڭ بارلىق قەبىلىلىرى ئىچىدىن تاللىۋالمىغانمىدىم؟ شۇنىڭدەك ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا ئۇلارنىڭ ئۈلۈشى بولسۇن دەپ، ئىسرائىللارنىڭ ھەممە قۇربانلىقلىرىدىن بەرمىگەنمىدىم؟ 29شۇنداق ئىكەن، يەنە نېمە ئۈچۈن تەلىپىم بويىچە ئىبادەتگاھىمدا قىلىنغان قۇربانلىق ۋە ھەدىيەلەرنى دەپسەندە قىلىسىلەر؟ ئەلى، سەن نېمىشقا ئوغۇللىرىڭنى مەندىن ئارتۇق كۆرىسەن؟ نېمە ئۈچۈن خەلقىم سۇنغان قۇربانلىقلارنىڭ ياخشى يەرلىرىنى ئېلىپ كېتىپ، ئۆزۈڭلارنى سەمرىتىسىلەر؟!»

30ئەمدى پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇكى: «ھەقىقەتەنمۇ ئۇرۇقۇڭدىن ۋە ئەجدادىڭ ئۇرۇقىدىن بولغانلارنىڭ مەڭگۈ روھانىي بولۇپ خىزمىتىمدە بولۇشىنى ئېيتقانىدىم. بىراق مەن پەرۋەردىگار ھازىر شۇنى ئېيتىمەنكى، ئەمدى بۇنداق بولمايدۇ. مېنى ھۆرمەتلىگەنلەرنى ئىززەتلەيمەن، مېنى كەمسىتكەنلەر خورلۇقتا قالىدۇ. 31مانا، شۇنداق كۈنلەر يېقىنلاشماقتا: ئاتاڭنىڭ ئۇرۇقىدىن بولغانلارنى ئەجىلىدىن بالدۇر ھالاك قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇقۇڭدىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغان ئادەم چىقمايدۇ. 32مېنىڭ ئىبادەتگاھىمدا قايغۇلۇق ئىشلارنى كۆرىسەن. گەرچە مېنىڭ شاپائىتىم ئىسرائىللارغا ياغدۇرۇلغان بولسىمۇ، سېنىڭ ئۇرۇقۇڭدىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغان كىشى چىقمايدۇ. 33ئەۋلادىڭدىن بىرسىنى ماڭا روھانىيلىق قىلىشقا قالدۇرىمەن. لېكىن ئۇنىڭ كۆزىدىن ياش قۇرۇمايدۇ، قايغۇدا ئۆتىدۇ. ئەۋلادلىرىڭنىڭ ھەممىسى ياش كېتىدۇ. 34ئىككى ئوغلۇڭ خوفنى بىلەن پىنىخاس بىر كۈندە ئۆلىدۇ. بۇ ساڭا ئېيتقانلىرىمنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالسۇن.

35مەن ئۆزۈمگە سادىق بىر روھانىي تەيىنلەيمەن. ئۇ خاھىشىم ۋە ئىرادەم بويىچە ماڭا خىزمەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئەۋلادىنى روھانىيلىق قىلىشقا باقىي قىلىمەن. ئۇلار مەن تاللىغان پادىشاھ ئالدىدا مەڭگۈ خىزمەت قىلىدۇ. 36سېنىڭ ئەۋلادىڭ ئىچىدە ھايات قالغان كىشىلەر بىر كۈمۈش تەڭگە ياكى بىر بۇردا نان ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇلارغا تەزىم قىلىپ، ‹ئۆتۈنۈپ قالاي، يېمەك-ئىچمىكىم ئۈچۈن روھانىيلار قىلىدىغان بىرەر ئىش بولسا بەرسىڭىز› دەپ يالۋۇرىدىغان بولىدۇ.»



*2:22 مۇسا پەيغەمبەر خۇدانىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تىككەن ئىبادەت چېدىرىنىڭ يەنە بىر ئاتىلىشى بولۇپ، بۇ يەردە شىلودىكى ئىبادەت چېدىرىنى كۆرسىتىدۇ.

*2:28 ئېفود _ باش روھانىيلار خۇداغا خىزمەت قىلغان چاغدا كىيىدىغان كىيىم. «تەۋرات. مىسىردىن چىقىش» 28-باب، 6-ئايەتتىن 14-ئايەتكىچە قارالسۇن.



 

3

پەرۋەردىگارنىڭ سامۇئىلنى چاقىرىشى

1بالا سامۇئىل ئەلىنىڭ كۆز ئالدىدا پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىپ يۈرگەنىدى. ئۇ چاغلاردا پەرۋەردىگاردىن كەلگەن ۋەھىيلەر ۋە غايىبانە ئالامەتلەر كەم ئىدى. 2بىر كۈنى كەچتە كۆزلىرى ناھايىتى خىرەلىشىپ كەتكەن ئەلى ئۆز ئورنىدا ياتاتتى. 3پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتگاھىدىكى چىراغ تېخى يېنىپ تۇراتتى. سامۇئىلمۇ ئىبادەتگاھتا ياتاتتى، ئەھدە ساندۇقى*بولسا شۇ يەردە ئىدى. 4شۇ ئەسنادا پەرۋەردىگار سامۇئىلنى چاقىردى.

_ لەببەي، مانا مەن، _ دەپ جاۋاب بەردى سامۇئىل ۋە 5ئەلىنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ كەلدى، _ مېنى چاقىرغانىدىڭىز، مانا مەن! _ دېدى.

_ ياق، سېنى مەن چاقىرمىدىم، قايتقىن، بېرىپ جايىڭدا يات، _ دېدى ئەلى.

سامۇئىل قايتىپ بېرىپ ياتتى. 6پەرۋەردىگار يەنە:

_ سامۇئىل! _ دەپ چاقىردى.

سامۇئىل يەنە ئورنىدىن تۇرۇپ، ئەلىنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە:

_ مېنى چاقىرغانىدىڭىز، مانا مەن! _ دېدى.

_ چاقىرمىدىم بالام، قايتقىن، بېرىپ جايىڭدا يات، _ دېدى ئۇ.

7شۇ چاغقىچە پەرۋەردىگارنىڭ ۋەھىيسى سامۇئىلغا تېخى ئايان بولمىغاچقا، ئۇ پەرۋەردىگارنى تونۇمايتتى. 8پەرۋەردىگار سامۇئىلنى ئۈچىنچى قېتىم چاقىردى. ئۇ يەنە ئورنىدىن تۇرۇپ ئەلىنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە:

_ مېنى چاقىرغانىدىڭىز، مانا مەن! _ دېدى.

ئەلى شۇ چاغدا، بۇ بالىنى پەرۋەردىگارنىڭ چاقىرىۋاتقانلىقىنى بىلىپ يەتتى. 9ئەلى سامۇئىلغا:

_ بېرىپ، جايىڭدا يات، ئەگەر يەنە چاقىرسا، سەن: «ئى پەرۋەردىگار، سۆز قىل، قۇلۇڭنىڭ قۇلىقى سەندە!» دېگىن، _ دېدى.

سامۇئىل بېرىپ ئۆز ئورنىدا ياتتى.

10پەرۋەردىگار ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ، بايىقىدەك:

_ سامۇئىل! سامۇئىل! _ دەپ چاقىردى.

_ سۆز قىل، قۇلۇڭنىڭ قۇلىقى سەندە! _ دەپ جاۋاب بەردى سامۇئىل.

11پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا:

_ سامۇئىل، مەن ئىسرائىللار ئىچىدە شۇنداق بىر ئىش قىلماقچىمەنكى، ئۇنى ئاڭلىغۇچىلار ھاڭ-تاڭ قالىدۇ. 12شۇ چاغدا مەن ئەلىنىڭ ئائىلىسى توغرىسىدا ئېيتقان سۆزلىرىمنىڭ ھەممىسىنى باشتىن-ئاخىرىغىچە ئەمەلگە ئاشۇرىمەن. 13مەن ئۇنىڭ ئائىلىسىنى مەڭگۈ جازالايدىغانلىقىمنى ئۇنىڭغا ئېيتقانىدىم. چۈنكى ئۇ ئوغۇللىرىنىڭ ئېغىر گۇناھلىرىدىن خەۋەردار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ماڭا كۇپۇرلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇقلۇق، ئۇلارنى توسمىدى. 14شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئەلىنىڭ ئائىلىسى توغرۇلۇق قەسەم قىلدىمكى، ئەلىنىڭ ئائىلىسىنىڭ گۇناھلىرى ھەرقانداق قۇربانلىق ۋە ھەدىيەلەر بىلەنمۇ مەڭگۈ كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ، _ دېدى.

15سامۇئىل تاڭ ئاتقۇچە ئورنىدا يېتىپ، ئاندىن تۇردى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتگاھىنىڭ ئىشىكلىرىنى ئاچتى. ئۇ بۇ ۋەھىينى ئەلىگە ئېيتىشتىن قورقتى. 16ئەلى ئۇنى:

_ ئى ئوغلۇم سامۇئىل! _ دەپ چاقىردى.

_ لەببەي، مانا مەن! _ دەپ جاۋاب بەردى سامۇئىل.

17ئەلى ئۇنىڭغا:

_ پەرۋەردىگار ساڭا نېمىلەرنى دېدى؟ مەندىن يوشۇرما. ئەگەر ھەممىسىنى ئېيتمىساڭ، خۇدا سېنى ئېغىر جازالىغاي! _ دېدى.

18شۇڭا سامۇئىل ھېچنېمىنى يوشۇرماي، ئۆز ئەينى بويىچە ئېيتىپ بەردى. ئەلى ئۇنىڭغا:

_ ئۇ پەرۋەردىگاردۇر، ئۇنىڭ ئىرادە قىلغىنى ئەمەلگە ئاشقاي، _ دېدى.

19سامۇئىل چوڭ بولغانسېرى پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يار بولۇپ، ئۇ ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن سۆزلىرىنىڭ ھېچبىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرماي قويمىدى. 20شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدىكى دان شەھىرىدىن، جەنۇبىدىكى بەئەرشەبا شەھىرىگىچە بولغان زېمىندا ياشايدىغان پۈتكۈل ئىسرائىللار سامۇئىلنىڭ ھەقىقەتەن پەرۋەردىگار تاللىغان پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتى. 21پەرۋەردىگار شىلودا ئۆزىنى داۋاملىق ئاشكارا قىلدى، يەنى ئۆزىنى ئۆز سۆزى بىلەن سامۇئىلغا ئايان قىلدى. بۇنىڭ بىلەن سامۇئىل پەرۋەردىگارنىڭ ۋەھىيسىنى پۈتكۈل ئىسرائىللارغا يەتكۈزدى.



*3:3 «تەۋرات. مىسىردىن چىقىش» 25-باب 10-ئايەتتىن 22-ئايەتكىچە قارالسۇن.



 

4

فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قولغا چۈشۈرۈشى

1ئۇ چاغلاردا فىلىستىيەلىكلەر ئىسرائىللارغا ھۇجۇم قىلغانىدى، ئىسرائىللار ئۇلارغا قارشى جەڭگە ئاتلاندى. ئىسرائىللار ئەبەنەزەر دېگەن يەردە، فىلىستىيەلىكلەر ئافېق دېگەن يەردە بارگاھ تىكىشتى. 2فىلىستىيەلىكلەر ئىسرائىللارغا قارشى سەپ تۈزۈپ جەڭگە ئاتلىنىپ، بىر مەيدان شىددەتلىك ئېلىشىشتىن كېيىن ئىسرائىللارنى مەغلۇپ قىلدى، نەق مەيداندا ئۇلارنىڭ قوشۇنىدىن تۆت مىڭغا يېقىن ئادەمنى ئۆلتۈردى. 3مەغلۇپ بولغان لەشكەرلەر بارگاھقا قايتىپ كەلگەن چاغدا، ئىسرائىل ئاقساقاللىرى:

_ نېمە ئۈچۈن پەرۋەردىگار بۈگۈن بىزنىڭ فىلىستىيەلىكلەرگە مەغلۇپ بولۇشىمىزغا يول قويدى؟ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى شىلودىن بۇ يەرگە ئېلىپ كېلەيلى، ئۇ بىزنىڭ ئارىمىزدا بولسا، بىزنى دۈشمەنلىرىمىزدىن قۇتقۇزىدۇ، _ دېدى.

4شۇنىڭ بىلەن بىرنەچچە ئادەم شىلوغا ئەۋەتىلدى، ئۇلار ئىككى «كېرۇب*»نىڭ ئارىسىدىكى «مېھىر-شەپقەت تەختى»دە*ئولتۇرغان قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ كەلدى. ئەلىنىڭ ئىككى ئوغلى خوفنى بىلەن پىنىخاسمۇ شۇ يەرگە ئەھدە ساندۇقى بىلەن بىللە كەلدى. 5پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى بارگاھقا يېتىپ كەلگەندە، پۈتۈن ئىسرائىللار يەرنى تەۋرەتكۈدەك كۈچلۈك چۇقان كۆتۈرۈشتى. 6فىلىستىيەلىكلەر چۇقاننى ئاڭلاپ:

_ ئىبرانىيلارنىڭ*بارگاھىدا نېمە ئۈچۈن بۇنچىلىك قاتتىق چۇقان كۆتۈرۈلۈپ كەتتى؟ _ دەپ ھەيران قېلىشتى. كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ بارگاھقا ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى بىلىپ، 7قورقۇپ كېتىشتى. ئۇلار:

_ ئىلاھلىرى ئۇلارنىڭ بارگاھىغا كەپتۇ، ھالىمىزغا ۋاي! بىز بۇرۇن ھېچقاچان بۇنداق ئىشقا يولۇقۇپ باقمىغانىدۇق! 8ئەمدى بىزنى كىممۇ بۇ قۇدرەتلىك ئىلاھلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزالايدۇ؟ چۆل-باياۋاندا مىسىرلىقلارنى تۈرلۈك بالايىئاپەتلەر بىلەن ئۇرغانلار ئاشۇ ئىلاھلار ئەمەسمىدى؟ 9قېنى، فىلىستىيەلىكلەر، ئەركەكتەك باتۇر بولايلى! ئۇنداق بولمىسا، ئىبرانىيلارنىڭ بىزگە قۇل بولغىنىغا ئوخشاش، ئەمدى بىز ئۇلارنىڭ قۇلى بولىمىز. شۇنداق ئىكەن، ئەركەكتەك جەڭ قىلايلى! _ دېيىشتى.

10شۇنىڭدىن كېيىن فىلىستىيەلىكلەر قاتتىق ھۇجۇم قىلىپ، ئىسرائىللارنى مەغلۇپ قىلدى، قىرغىن قىلىش شۇنداق قاتتىق بولدىكى، 30 مىڭ ئىسرائىلىيە لەشكىرىنىڭ ئۆلۈكى جەڭگاھتا قالدى. ھايات قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆيلىرىگە قېچىپ كېتىشتى. 11پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى دۈشمەننىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتتى، ئەلىنىڭ ئىككى ئوغلى خوفنى بىلەن پىنىخاسمۇ ئۆلتۈرۈلدى.

ئەلىنىڭ ۋاپات بولۇشى

12بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان بىر ئادەم جەڭگاھتىن قېچىپ، شۇ كۈنىلا شىلوغا يېتىپ كەلدى. ئۇ قايغۇدىن كىيىمىنى يىرتىپ، بېشىغا توپا چاچقانىدى. 13شۇ چاغدا ئەلى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىدىن غەم قىلىپ، يۈرىكى ئېغىپ، يول بويىدىكى ئورۇندۇقىدا ئولتۇرۇپ خەۋەر كۈتۈۋاتقانىدى. ھېلىقى ئادەم شەھەرگە كىرىپ يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئېيتىپ بەرگەندە، پۈتكۈل خەلق داد-پەرياد كۆتۈردى. 14ئەلى چۇقان-سۈرەننى ئاڭلاپ:

_ نېمىشقا بۇنچىلىك چۇقان سالىسىلەر؟ _ دەپ سورىدى. ھېلىقى ئادەم «بولغان ۋەقەدىن ئەلىنى خەۋەردار قىلىپ قوياي» دەپ، دەرھال ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. 15ئەلى ئۇ چاغدا توقسان سەككىز ياشتا بولۇپ، كۆزلىرى كۆرەلمەيتتى. 16ھېلىقى ئادەم ئەلىگە:

_ مەن جەڭ مەيدانىدىن كەلگەنمەن، ئۇ يەردىن بۈگۈن قېچىپ كەلدىم، _ دېدى.

_ نېمە بولدى، ئوغلۇم؟ _ دەپ سورىدى ئەلى.

17خەۋەر ئەكەلگەن ئادەم مۇنداق دېدى:

_ ئىسرائىللار فىلىستىيەلىكلەرگە مەغلۇپ بولدى، لەشكەرلەردىن نۇرغۇنلىرى ئۆلتۈرۈلدى، سىزنىڭ ئوغۇللىرىڭىز خوفنى بىلەن پىنىخاسمۇ ئۆلدى. خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىمۇ قولدىن كەتتى.

18گەپ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئۈستىدە بولغاندا، ئەلى ئورۇندۇقىدىن ئارقىسىچە ئۇچۇپ كەتتى-دە، قېرىلىقى ۋە سېمىزلىكىدىن بوينى ئۈزۈلۈپ، شۇ زامان جان بەردى. ئۇ ئىسرائىللارغا قىرىق يىل يېتەكچىلىك قىلغانىدى.

19ئەلىنىڭ كېلىنى، يەنى پىنىخاسنىڭ خوتۇنى ھامىلىدار بولۇپ، كۆز يورۇشىغا ئاز قالغانىدى. «پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى قولدىن كەتتى، ئېرىڭ بىلەن قېيىنئاتاڭ ئۆلدى» دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاش بىلەنلا، ئۇنىڭ تولغىقى قاتتىق تۇتۇپ، زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ بوشاندى.

20ئۇ جان ئۈزەي دەپ قالغاندا، ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرغان ئاياللار ئۇنىڭغا:

_ قورقما، ئوغۇل تۇغدۇڭ، _ دېيىشتى، لېكىن ئۇ بۇنىڭغا ئېتىبار بەرمىدى، جاۋابمۇ قايتۇرمىدى. 21خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ قولدىن كەتكەنلىكى، قېيىنئاتىسى ۋە ئېرىنىڭ ئۆلگەنلىكىدىن ئۇ: «شان-شەرەپ ئىسرائىلىيەدىن كەتتى» دەپ، بالىسىغا ئىكابود*دېگەن ئىسىمنى قويدى.

22_ شان-شەرەپ ئىسرائىلىيەدىن كەتتى، چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى قولدىن كەتتى، _ دېدى ئۇ.



*4:4 كېرۇب _ ئەرشتە ياشايدىغان ئىنتايىن كۈچلۈك بىر خىل قاناتلىق مەخلۇق. ئەينى ۋاقىتتا زېمىندا بۇ مەخلۇقنىڭ ئىككى دانە ھەيكىلى بولغان بولۇپ، ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۈستىگە ئورنىتىلغان. «تەۋرات. ئالەمنىڭ يارىتىلىشى» 3: 24كە قارالسۇن.

*4:4 تەۋرات. «مىسىردىن چىقىش» 25-باب 17-ئايەتتىن 22-ئايەتكىچە قارالسۇن.

*4:6 قەدىمكى يەھۇدىيلارنى، يەنى ئىسرائىللارنى كۆرسىتىدۇ.

*4:21 ئىبرانىي تىلىدا «شان-شەرەپ قەيەردە؟» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.



 

5

ئەھدە ساندۇقى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىدا

1فىلىستىيەلىكلەر خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قولغا چۈشۈرگەندىن كېيىن، ئۇنى ئەبەنەزەردىن ئاشدود شەھىرىگە ئېلىپ كەلدى. 2شۇ يەردە ئۇنى داگوننىڭ بۇتخانىسىغا ئېلىپ كىرىپ، داگون دېگەن بۇتنىڭ يېنىغا قويدى. 3ئاشدودلۇقلار ئەتىسى سەھەردە، داگوننىڭ يۈزىچىلاپ يەرگە يىقىلىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا ياتقانلىقىنى كۆردى. ئۇلار داگوننى ئېلىپ، جايىغا تۇرغۇزۇپ قويدى. 4ئىككىنچى كۈنى سەھەردە ئۇلار يەنە داگوننىڭ ئوخشاشلا پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا يۈزىچىلاپ يەرگە يىقىلىپ ياتقانلىقىنى كۆردى. بىراق بۇ قېتىم داگوننىڭ بېشى بىلەن ئىككى قولى سۇنغان ھالدا بوسۇغىدا تۇراتتى، پەقەت گەۋدىسىلا پۈتۈن قالغانىدى. 5شۇ سەۋەبلىك تا ھازىرغىچە داگون روھانىيلىرى ۋە ئۇنىڭ بۇتخانىسىغا كىرگۈچىلەر ئاشۇ بوسۇغىنى دەسسىمەيدۇ.

6پەرۋەردىگارنىڭ جازاسى ئاشدود ئاھالىسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزا-قىشلاق ئاھالىسىنىڭ بېشىغا چۈشتى. ئۇ ئۇلارغا ئازاب سېلىپ، ئۇلارنىڭ بەدەنلىرىنى ئۆسمە*بىلەن قاپلاتتى. 7بۇلارنى كۆرگەن ئاشدودلۇقلار:

_ ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى بىزدە تۇرمىسۇن. چۈنكى ئۇ بىزنى ۋە ئىلاھىمىز داگوننى قاتتىق جازالىدى، _ دېيىشتى. 8شۇنىڭ بىلەن ئۇلار فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ھەممە بەگلىرىنى چاقىرتىپ جەم قىلىپ، ئۇلاردىن:

_ ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قانداق قىلساق بولار؟ _ دەپ مەسلىھەت سوراشتى.

_ ئۇ گاتقا يۆتكىۋېتىلسۇن! _ دەپ جاۋاب بېرىشتى ئۇلار.

شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى گات شەھىرىگە يۆتكىدى. 9ئەمما ئۇلار ئۇنى يۆتكىگەندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ ئېغىر جازاسى ئۇ يەردىكىلەرنىڭمۇ بېشىغا چۈشتى، پۈتۈن شەھەرنى ۋەھىمە باستى. پەرۋەردىگار شەھەر ئاھالىسىنىڭ قېرى-ياش ھەممىسىنى ئۆسمە بىلەن جازالىدى.

10شۇ سەۋەبتىن ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئەقرون شەھىرىگە يۆتكىدى. خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئۇ يەرگە ئېلىپ كېلىنگەندە، ئەقرونلۇقلار:

_ ئۇلار بىزنى ۋە پۈتكۈل خەلقىمىزنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئەكېلىشتى، _ دەپ داد-پەرياد كۆتۈرۈپ كېتىشتى. 11شۇنىڭ بىلەن ئۇلار فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ھەممە بەگلىرىنى يەنە چاقىرتىپ جەم قىلىپ، ئۇلارغا:

_ ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى بۇ يەردىن ئۆز تەۋەلىكىگە ئاپىرىۋېتىڭلار! بولمىسا ئۇ بىزنىڭمۇ، خەلقىمىزنىڭمۇ جېنىغا زامىن بولىدۇ، _ دېيىشتى. خۇدا نۇرغۇن ئادەملەرنى ھالاك قىلغانىدى، پۈتۈن شەھەردە ئۆلۈم ۋەھىمىسى ھۆكۈم سۈرگەنىدى. 12ئۆلمەي قالغانلارنىڭ ھەممىسى ئۆسمە كېسىلىنىڭ ئازابىنى تارتتى. شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئاھ-پەريادلىرى كۆككە كۆتۈرۈلدى.



*5:6 يەنە بىر مەنىسى _ ھۈررەك.



 

6

ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئىسرائىللارغا قايتۇرۇلۇشى

1پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ زېمىنىدا يەتتە ئاي تۇرغاندىن كېيىن، 2ئۇلار روھانىيلىرى بىلەن پالچىلىرىنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇلاردىن:

_ بىز پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قانداق قىلساق بولار؟ ئۇنى ئۆز جايىغا قانداق قايتۇرىمىز؟ يول كۆرسىتىڭلار، _ دەپ ياردەم سورىدى. 3روھانىيلىرى بىلەن پالچىلىرى مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ ئەگەر ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قايتۇرۇپ بېرىدىغان بولساڭلار، ئەلۋەتتە قۇرۇق قايتۇرماي، پەرۋەردىگارغا ئەيىبىڭلارنى يۇيىدىغان ئەيىب قۇربانلىقىنى قوشۇپ بېرىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، شىپالىق تاپىسىلەر ۋە ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن سىلەرنى توختىماي جازالىغانلىقىنى بىلىپ قالىسىلەر.

4_ قانداق ئەيىب قۇربانلىقىنى بەرسەك بولار؟ _ دەپ سوراشتى فىلىستىيەلىكلەر. ئۇلار مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىشتى:

_ ئەيىب قۇربانلىقى ئۈچۈن، سىلەر ئۆز بېگىڭلارنىڭ سانىغا ماس ھالدا ئالتۇندىن بەش دانە ئۆسمە ۋە بەش چاشقان قۇيدۇرۇڭلار. چۈنكى ئوخشاش بالايىئاپەت سىلەرگىمۇ، سىلەرنىڭ بېگىڭلارغىمۇ كەلدى. 5سىلەر جەزمەن ئۆسمىلەر ۋە يۇرتۇڭلاردا ۋەيرانچىلىق چىقارغان چاشقانلارنىڭ شەكلىدىكى مودېللارنى قۇيدۇرۇڭلار ۋە شۇ تەرىقىدە ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ئىززەت-ھۆرمىتىڭلارنى بىلدۈرۈڭلار. ئەنە شۇنداق قىلساڭلار، بەلكىم ئۇ سىلەرگە، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلارغا ۋە يۇرتۇڭلارغا كەلگەن بالايىئاپەتنى توختىتار. 6سىلەرنىڭ مىسىر پادىشاھى ۋە مىسىرلىقلاردەك جاھىللىق قىلىشىڭلارنىڭ نېمە ھاجىتى؟ ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئۇلارغا قاتتىق قوللۇق قىلغاندىن كېيىنلا، ئۇلار ئىسرائىللارنى قويۇپ بەرگەن ئەمەسمىدى؟ شۇندىلا ئىسرائىللار مىسىردىن ئايرىلغان ئەمەسمىدى؟ 7ئەمدى يېڭى بىر ھارۋا ۋە يېقىندىلا موزايلىغان، بويۇنتۇرۇق سېلىنىپ باقمىغان ئىككى ئىنەكنى تەييارلاپ، ئۇلارنى ھارۋىغا قېتىڭلار، موزايلىرىنى ئايرىپ ئۆيدە ئېلىپ قېلىڭلار. 8پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ھارۋىغا بېسىپ، يېنىغا ئەيىب قۇربانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئاتالغان ئالتۇن مودېللار قاچىلانغان ساندۇقنى قويۇڭلار، ھارۋىغا قوشۇلغان ئىنەكلەرنى يولغا قويۇپ بېرىڭلار. 9ئاندىن قاراپ تۇرۇڭلار، ئەگەر ھارۋا بەيت-شەمەش شەھىرىگە بارىدىغان يول بىلەن ماڭسا، بۇ بالايىئاپەتنى ئەۋەتكۈچى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدادۇر، دەپ بىلىمىز؛ ئەگەر ھارۋا ئۇ يول بىلەن ماڭمىسا، دېمەك، بىزنى جازالىغۇچى ئۇ ئەمەس، بەلكى بۇ بىر تاسادىپىيلىقتۇر، دەپ بىلىمىز.

10فىلىستىيەلىكلەر ھەممىنى ئۇلارنىڭ دېگىنىدەك قىلدى. يېقىندىلا موزايلىغان، بويۇنتۇرۇق سېلىنىپ باقمىغان ئىككى ئىنەكنى ھارۋىغا قېتىپ، موزايلىرىنى ئۆيگە سولاپ قويدى. 11ئۇلار ئەھدە ساندۇقىنى ھارۋىغا باستى، ئۆسمىلەر بىلەن چاشقانلارنىڭ ئالتۇندىن قۇيۇلغان مودېللىرى سېلىنغان ساندۇقنى ئۇنىڭ يېنىغا قويدى. 12ئىنەكلەر بەيت-شەمەشكە بارىدىغان يولغا چۈشۈپ، يا سولغا، يا ئوڭغا بۇرۇلماي، ياكى توختىماي، مۆرىگەن پېتى ئۇدۇل ماڭدى. فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەش بېگىمۇ ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن تاكى بەيت-شەمەش چېگراسىغىچە كەلدى.

13بەيت-شەمەش ئاھالىسى جىلغىدا ئورما ئورۇۋاتاتتى. ئۇلار باشلىرىنى كۆتۈرگەندە ئەھدە ساندۇقىنى كۆرۈپ، شادلىققا چۆمدى. 14ھارۋا بەيت-شەمەشلىك يوشۇۋانىڭ ئېتىزىغا كېلىپ، چوڭ بىر قورام تاشنىڭ يېنىدا توختىدى. ئاھالىلەر ھارۋىنى ئوتۇن قىلىپ يېرىپ، ئىنەكلەرنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بوغۇزلاپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى. 15لاۋىيلار ھارۋىدىن پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى بىلەن ئالتۇن مودېللار قاچىلانغان ساندۇقنى چۈشۈرۈپ، ھېلىقى قورام تاشنىڭ ئۈستىگە قويدى. شۇ كۈنى بەيت-شەمەش ئاھالىسى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن باشقا قۇربانلىقلارنى كەلتۈرۈشتى. 16فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەش بېگى ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى كۆرۈپ بولۇپ، شۇ كۈنىلا ئەقرونغا قايتىپ كەتتى.

17فىلىستىيەلىكلەرنىڭ پەرۋەردىگارغا ئەيىب قۇربانلىقى قىلىپ ئاتىغان ئۆسمە مودېللىرىنىڭ بىرى ئاشدود، بىرى گازا، بىرى ئاشقىلون، بىرى گات ۋە بىرى ئەقرون ئۈچۈن ئىدى. 18ئالتۇن چاشقانلارنىڭ سانى بولسا فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەش بېگىگە تەۋە سېپىللىرى مۇستەھكەم شەھەرلەر ۋە ئۇلارغا تەۋە يېزا-قىشلاقلارنىڭ سانى بىلەن باراۋەردۇر. بەيت-شەمەشلىك يوشۇۋانىڭ ئېتىزىدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى قويۇلغان ھېلىقى چوڭ قورام تاش تاكى ھازىرغىچە بۇ ئىشلارغا گۇۋاھ بولۇپ، ئۆز ئورنىدا تۇرماقتا.

ئەھدە ساندۇقى قىريات-يىئارىم شەھىرىدە

19پەرۋەردىگار بەيت-شەمەشلىكلەردىن يەتمىش كىشىنىڭ جېنىنى ئالدى. چۈنكى ئۇلار ئۆز مەيلىچە ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئىچىگە قارىدى. ئاھالىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزلىرىنى شۇنچە قاتتىق ئۇرغانلىقىغا قايغۇرۇپ ھازا ئېچىشتى.

20بەيت-شەمەشلىكلەر: «پەرۋەردىگار، يەنى بۇ مۇقەددەس بولغان خۇدانىڭ ئالدىدا كىممۇ تۇرالار؟ ئەھدە ساندۇقى ئەمدى بۇ يەردىن قەيەرگە ئاپىرىلىشى كېرەك؟» دەپ نالە-پەرياد قىلىشتى. 21ئاخىرى ئۇلار قىريات-يىئارىم شەھىرىدىكى كىشىلەرگە ئەلچى ئەۋەتىپ:

_ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى فىلىستىيەلىكلەر قايتۇرۇپ بەردى، ئەمدى بۇ يەرگە كېلىپ، ئۇنى ئېلىپ كېتىڭلار! _ دېدى.


7

1شۇنىڭدىن كېيىن قىريات-يىئارىم شەھىرىدىكى كىشىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ، كىچىكرەك بىر تاغ ئۈستىگە سېلىنغان ئابىنادابنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدى. پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ساقلىسۇن دەپ، ئۇلار ئابىنادابنىڭ ئوغلى ئەلئازارنى پاكلاپ، شۇ ۋەزىپىگە تەيىنلىدى.

2پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئۇزاق ۋاقىت، يەنى يىگىرمە يىل قىريات-يىئارىم شەھىرىدە تۇرۇپ قالدى. بۇ مەزگىلدە پۈتۈن ئىسرائىللار ھەسرەت ئىچىدە پەرۋەردىگارغا ئىنتىزار بولۇپ تۇردى.

سامۇئىلنىڭ ئىسرائىللارغا يېتەكچىلىك قىلىشى

3سامۇئىل ئىسرائىللارغا مۇنداق دېدى:

_ ئەگەر سىلەر چىن قەلبىڭلاردىن پەرۋەردىگارغا قايتا يېقىنلىشىشنى نىيەت قىلساڭلار، يات قوۋملارنىڭ ئىلاھلىرى ۋە ئاشتورەت دېگەن ئايال ئىلاھنىڭ بۇتلىرىدىن ئادا-جۇدا بولۇڭلار. ئۆزۈڭلارنى تەلتۆكۈس پەرۋەردىگارغا ئاتاڭلار، ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلارلا، ئۇ سىلەرنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىدۇ.

4شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار بائال بىلەن ئاشتورەتنىڭ بۇتلىرىنى تاشلاپ، پەقەت پەرۋەردىگارغىلا ئىبادەت قىلدى.

5شۇ چاغدا سامۇئىل ئۇلارغا:

_ پۈتۈن ئىسرائىللار، مىزپاھقا يىغىلىڭلار، مەن ئۇ يەردە سىلەر ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلاي، _ دېدى.

6شۇنداق قىلىپ پۈتۈن خەلق مىزپاھ شەھىرىگە يىغىلدى. ئۇلار قۇدۇقتىن سۇ تارتىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا تۆكۈپ، كۈنبويى روزا تۇتۇپ، «پەرۋەردىگارغا قارشى گۇناھ قىلدۇق» دەپ ئىقرار قىلىشتى. سامۇئىل ئىسرائىللارغا يېتەكچىلىك قىلىشنى مىزپاھ شەھىرىدە باشلىدى.

7فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ھېلىقى بەش بېگى ئىسرائىللارنىڭ مىزپاھقا يىغىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، لەشكەر تارتىپ ھۇجۇم قىلىشقا ئاتلاندى. ئىسرائىللار بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ، فىلىستىيەلىكلەردىن ناھايىتى قورقۇشۇپ كەتتى ۋە 8سامۇئىلغا:

_ بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگار _ خۇدايىمىزغا توختىماي نالە قىلسىڭىز، ئۇ بىزنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغاي، _ دەپ يېلىندى. 9شۇنىڭ بىلەن سامۇئىل ئېمىۋاتقان بىر قوزىنى پۈتۈن پېتى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىپ، پەرۋەردىگارغا سۇندى. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئىسرائىللار ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلغانىدى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ ئىلتىجاسىنى قوبۇل قىلدى.

10سامۇئىل كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىۋاتقاندا، فىلىستىيەلىكلەر ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە يېتىپ كەلدى. ئەمما شۇ كۈنى پەرۋەردىگار ئاسماندا قاتتىق گۈلدۈرماما گۈلدۈرلىتىپ، ئۇلارنى ساراسىمىگە سالدى. نەتىجىدە ئۇلار ئىسرائىللارغا مەغلۇپ بولدى. 11ئىسرائىللار مىزپاھتىن چىقىپ، فىلىستىيەلىكلەرنى بەيتكارغىچە قوغلاپ، ئۇلارنى يول بويى قىرىپ ماڭدى.

12شۇنىڭدىن كېيىن سامۇئىل مىزپاھ بىلەن شېن دېگەن يەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر تاشنى تىكلىدى. بۇنى «ئەبەنەزەر» [ياردەم تېشى] دەپ ئاتاپ، «بۇ چاغقىچە پەرۋەردىگار بىزگە ياردەم قىلىپ كەلدى» دېدى. 13شۇنداق قىلىپ فىلىستىيەلىكلەر مەغلۇپ قىلىندى. سامۇئىل ھايات چاغدا، پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئىسرائىلىيە زېمىنىغا قايتا ئاياغ باستۇرمىدى. 14ئىسرائىللار فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن ئەقروندىن گاتقىچە بولغان ئارىلىقتىكى شەھەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى، شۇنداقلا بۇ شەھەرلەرنىڭ يېنىدىكى يەرلەرنىمۇ قايتۇرۇۋېلىپ، پۈتۈن زېمىنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈۋالدى. ئۇ چاغلاردا ئىسرائىللار بىلەن ئامورلار تىنچ ئۆتتى.

15سامۇئىل ئۆمۈر بويى ئىسرائىللارغا يېتەكچىلىك قىلدى. 16ئۇ ھەر يىلى بەيتەل، گىلگال، مىزپاھنى ئايلىنىپ يۈرۈپ، ئۇ شەھەرلەردە ئىسرائىللارنىڭ ئەرز-دەۋالىرى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىراتتى. 17ئاندىن يۇرتى راماھقا قايتىپ، ئۇ يەردىمۇ ئوخشاش ئىشلارنى قىلاتتى. ئۇ راماھتا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ، بىر قۇربانلىق سۇپىسى سالدى.


8

ئىسرائىل خەلقىنىڭ خۇدادىن پادىشاھ تەيىنلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشى

1سامۇئىل قېرىغان چېغىدا ئۆز ئوغۇللىرىنى ئىسرائىللارغا يېتەكچىلىك قىلىشقا تەيىنلىگەنىدى. 2تۇنجى ئوغلىنىڭ ئىسمى يوئېل، ئىككىنچىسىنىڭ بولسا ئابىيا ئىدى، ئىككىلىسى بەئەرشەبا شەھىرىدە يېتەكچىلىك قىلاتتى. 3ئۇلار ئاتىسىنىڭ يولىنى تۇتماي، مال-دۇنيا قوغلىشىپ، پارا ئېلىپ، ناھەق ھۆكۈم چىقىراتتى.

4شۇ سەۋەبتىن ئىسرائىللارنىڭ ھەممە ئاقساقاللىرى جەم بولۇپ، راماھقا سامۇئىل بىلەن كۆرۈشۈشكە كەلدى. 5ئۇلار ئۇنىڭغا:

_ سىز ياشىنىپ قالدىڭىز، ئوغۇللىرىڭىز بولسا سىزنىڭ يولىڭىزنى تۇتمىدى. شۇڭا بىزگە يېتەكچىلىك قىلىشقا باشقا ئەللەرنىڭكىدەك بىر پادىشاھ تەيىنلەپ بەرسىڭىز، _ دېيىشتى.

6ئۇلارنىڭ: «بىزگە يېتەكچىلىك قىلىشقا بىر پادىشاھ تەيىنلەپ بەرسىڭىز» دېگەن بۇ تەلىپى سامۇئىلغا ياقمىغانلىقتىن، ئۇ پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى. 7پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «خەلقنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسىگە قۇلاق سال! ئۇلار سېنى ئەمەس، بەلكى مېنى تەرك ئەتتى. ئۇلار مېنىڭ، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن داۋاملىق پادىشاھ بولۇشۇمنى خالىمايۋاتىدۇ. 8مەن ئۇلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققاندىن بېرى، ئۇلار مېنى تاشلاپ، باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ كەلمەكتە. ئەمدى سېنىمۇ رەت قىلىۋاتىدۇ. 9ھازىر ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سال. بىراق ئۇلارنى جىددىي ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇلار سورىغان ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى پادىشاھنىڭ ئۇلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قوي!»

پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىل خەلقىنى ئاگاھلاندۇرۇشى

10سامۇئىل ئۆزىدىن بىر پادىشاھ تەيىنلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان خەلققە پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسىنى يەتكۈزۈپ:

11_ سىلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى پادىشاھ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، سىلەرگە مۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ: ئوغۇللىرىڭلارنى ئۆز ئىشىغا تۇتۇۋېلىپ، بەزىلىرىنى ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىپ، بەزىلىرىنى ھارۋىلىرىنىڭ ئالدىدا يۈگۈرۈشكە سالىدۇ. 12بەزىلىرىنى لەشكەر باشلىقلىقىغا تەيىنلەيدۇ. بەزىلىرى مىڭ لەشكەرگە باشلىق بولسا، بەزىلىرى ئەللىك لەشكەرگە باشلىق بولىدۇ. ئوغۇللىرىڭلارنى پادىشاھنىڭ يەرلىرىنى تېرىشقا، ئورمىسىنى ئورۇشقا، قورال-ياراغلىرىنى ۋە جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ جابدۇقلىرىنى ياساشقا قويىدۇ. 13قىزلىرىڭلارنى ئەتىرچى، ئاشپەز ۋە ناۋاي قىلىپ قويىدۇ. 14ئۇ سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشى ئېتىز-ئېرىقلىرىڭلارنى، ئۈزۈمزارلىقىڭلارنى ۋە زەيتۇنزارلىقىڭلارنى تارتىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ ئەمەلدارلىرىغا بېرىدۇ. 15ئاشلىق ۋە ئۈزۈمىڭلارنىڭ ئوندىن بىرىنى ئېلىۋېلىپ، قوماندانلىرى ۋە ئەمەلدارلىرىغا تەقدىم قىلىدۇ. 16سەرخىل ياش يىگىتلىرىڭلارنى، ئەر ۋە ئايال خىزمەتكارلىرىڭلارنى ھەم ئېشەكلىرىڭلارنى ئېلىپ، ئۆز ئىشىغا سالىدۇ. 17قويلىرىڭلارنىڭمۇ ئوندىن بىرىنى تارتىۋالىدۇ. سىلەر ئۇنىڭغا قۇل بولۇپ قالىسىلەر. 18شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈڭلارغا تىكلىگەن پادىشاھ دەستىدىن داد-پەرياد چېكىسىلەر، ئۇ چاغدا پەرۋەردىگار سىلەرگە قۇلاق سالمايدۇ، _ دەپ ئاگاھلاندۇردى.

19ئەمما خەلق سامۇئىلنىڭ سۆزىنى رەت قىلىپ:

_ ياق، بىزگە بىزنى باشقۇرىدىغان پادىشاھ كېرەك! 20شۇ چاغدا بىزمۇ باشقا ئەللەرگە ئوخشاش بولىمىز. پادىشاھىمىز بىزنى باشقۇرىدۇ، ئۇ ئالدىمىزدا بىزنى باشلاپ ماڭىدىغان، جەڭلەردە بىزگە رەھبەرلىك قىلىدىغان بولىدۇ، _ دەپ تۇرۇۋالدى.

21سامۇئىل ئۇلارنىڭ بارلىق سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن پەرۋەردىگارغا يەتكۈزدى.

22_ سەن ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ، ئۇلارغا بىر پادىشاھ تەيىنلەپ بەر! _ دېدى پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا. شۇنىڭدىن كېيىن سامۇئىل ئىسرائىللارغا:

_ ھەرقايسىڭلار ئۆز يۇرتۇڭلارغا قايتىڭلار، _ دېدى.


9

سامۇئىلنىڭ سائۇل بىلەن كۆرۈشۈشى

1بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان كىش ئىسىملىك بىر ئادەم بار ئىدى. ئۇ ئابىئېلنىڭ ئوغلى، ئابىئېل زىرورنىڭ ئوغلى، زىرور بىكوراتنىڭ ئوغلى، بىكورات بولسا ئافىياھنىڭ ئوغلى ئىدى. كىش ئابرۇيلۇق، دۆلەتمەن ئادەم ئىدى. 2ئۇنىڭ سائۇل ئاتلىق كېلىشكەن بىر ئوغلى بار ئىدى، ئىسرائىل خەلقى ئىچىدە ئۇنىڭدىن كېلىشكىنى يوق ئىدى. ھەرقانداق ئادەمنىڭ بويى ئۇنىڭ يەلكىسىدىن ئاشمايتتى. 3بىر كۈنى كىشنىڭ بىرنەچچە ئېشىكى يوقاپ كەتتى. كىش ئوغلى سائۇلغا:

_ بالام، خىزمەتكارلاردىن بىرەرسىنى ئېلىپ، ئېشەكلەرنى ئىزدەپ باققىنا! _ دېدى.

4سائۇل بىر خىزمەتكار بىلەن ئەفرايىم تاغلىق رايونىدا ۋە شالىشاھ زېمىنىدا ئېشەكلەرنى ئىزدەپ تاپالمىدى. شائالىم زېمىنىغا ئۆتۈۋىدى، ئېشەكلەر ئۇ يەردىمۇ يوق بولۇپ چىقتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار بىنيامىن زېمىنىنى كېزىپ چىقتى، ئېشەكلەرنى ئۇ يەرلەردىنمۇ تاپالمىدى. 5ئۇلار زۇف زېمىنىغا كەلگەندە، سائۇل خىزمەتكارىغا:

_ ئەمدى ئۆيگە قايتايلى! بولمىسا ئاتام ئېشەكلەردىن ئەمەس، بىزدىن ئەنسىرەشكە باشلايدۇ، _ دېدى.

6لېكىن خىزمەتكارى ئۇنىڭغا:

_ مانا، بۇ ئالدىمىزدىكى شەھەردە خۇدانىڭ نەزىرى چۈشكەن بىر ئادەم بار. ئۇ كۆپچىلىكنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئەمدى شۇ ئادەمنىڭ يېنىغا بارساق، بەلكىم ئۇ بارىدىغان يولىمىزنى بىزگە كۆرسىتىپ قالار، _ دېدى.

7_ ئەگەر شۇ ئادەمنىڭ يېنىغا بارساق، ئۇ ئادەمگە نېمىنى سوۋغات قىلىمىز؟ _ دېدى سائۇل، _ بىزنىڭ خۇرجۇنىمىزدا يېگۈدەك نەرسە قالمىدى، ئۇنىڭغا سوۋغات قىلغۇدەك نەرسە يوق!

8خىزمەتكار سائۇلغا جاۋابەن:

_ مەندە بىر كىچىك كۈمۈش تەڭگە بار. ئۇنى خۇدانىڭ نەزىرى چۈشكەن شۇ ئادەمگە بېرەي، بارىدىغان يولىمىزنى بىزگە كۆرسىتىپ بەرسۇن، _ دېدى.

9-11_ ياخشى، ئەمىسە بارايلى، _ دېدى سائۇل.

ئۇلار خۇدانىڭ نەزىرى چۈشكەن ئادەم تۇرىدىغان شەھەرگە قاراپ ماڭدى. ئۇلار داۋانغا چىقىپ، شەھەرگە بارىدىغان يولدا كېتىۋاتقاندا، قۇدۇقتىن سۇ ئەكېلىشكە چىققان قىزلارنى ئۇچرىتىپ، ئۇلاردىن:

_ غايىبنى بىلگۈچى شەھەردىمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

(ئۇ زامانلاردا ئىسرائىلىيەدە كىشىلەر خۇداغا بىرەر ئىش توغرۇلۇق ئىلتىجا قىلماقچى بولسا، «غايىبنى بىلگۈچىنىڭ قېشىغا بارايلى» دەيتتى. يەنى ھازىر پەيغەمبەر دېيىلگەن كىشى، ئۇ زامانلاردا «غايىبنى بىلگۈچى» دەپ ئاتىلاتتى.)

12-13_ ھەئە، شۇنداق. ئۇ ھېلىلا ئالدىڭلاردا كەتتى، _ دەپ جاۋاب بەردى قىزلار، _ تېزرەك مېڭىڭلار. ئۇ شەھەرگە بۈگۈنلا كەلدى. خەلق سەجدىگاھتا قۇربانلىق قىلماقچى. ھازىرلا شەھەرگە كىرىڭلار، ئۇ تاغقا غىزالانغىلى چىقىشتىن بۇرۇن ئۇنى تاپالايسىلەر. جامائەت ئۇ كەلمىگۈچە، غىزاغا ئېغىز تەگكۈزمەيدۇ، ئۇ دۇئا قىلىپ بەرگەندىن كېيىنلا، چاقىرىلغانلار غىزالىنالايدۇ. ئەمدى مېڭىڭلار، مۇشۇ ۋاقىتتا ئۇنى تاپالايسىلەر.

14سائۇل خىزمەتكارى بىلەن بۇ شەھەرگە چىقىپ، شەھەرنىڭ ئىچىگە كىرگەندە، سامۇئىلنىڭ سەجدىگاھقا بېرىش ئۈچۈن دەل ئۇلار تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. 15پەرۋەردىگار سامۇئىلغا سائۇلنىڭ كېلىشىدىن بىر كۈن بۇرۇن ئايان بولۇپ مۇنداق دېگەنىدى: 16«ئەتە مۇشۇ ۋاقىتتا مەن سېنىڭ يېنىڭغا بىنيامىن زېمىنىدىن بىر ئادەم ئەۋەتىمەن. سەن ئۇنىڭ بېشىغا ياغ قۇيۇپ، ئۇنى خەلقىم ئىسرائىللارغا باش قىلىپ تەيىنلە. ئۇ خەلقىمنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ. خەلقىمنىڭ ھالىغا نەزەر سالدىم، ئۇلارنىڭ داد-پەريادى ماڭا يەتتى.»

17سامۇئىل سائۇلنى كۆرگەندە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا:

_ مەن ساڭا ئېيتقان ئادەم دەل مۇشۇ، ئۇ مېنىڭ خەلقىم ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرىدۇ، _ دېدى.

18شۇ چاغدا سائۇل شەھەر دەرۋازىسىدا سامۇئىلنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭدىن:

_ تەقسىر، غايىبنى بىلگۈچىنىڭ ئۆيى قەيەردىكىن؟ _ دەپ سورىدى.

19سامۇئىل:

_ غايىبنى بىلگۈچى مەن بولىمەن. يۈرۈڭلار، مېنىڭ ئالدىمدا مېڭىپ سەجدىگاھقا چىقىڭلار. بۈگۈن سىلەر مەن بىلەن بىللە غىزالىنىسىلەر. سائۇل، ئەتە ئەتىگەندە مەن ساڭا كۆڭلۈڭدىكىنى ئېيتىپ بېرىپ، سېنى يولغا سېلىپ قويىمەن. 20ئۈچ كۈن بۇرۇن يىتىپ كەتكەن ئېشەكلىرىڭدىن غەم قىلما، ئۇلار تېپىلدى. لېكىن ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئىستىكى كىمدە؟ سەندە ۋە ئاتا جەمەتىڭدە ئەمەسمۇ؟ _ دېدى.

21_ مەن بىنيامىندىن، يەنى ئىسرائىلنىڭ ئەڭ كىچىك قەبىلىسىدىن بولىمەن، بۇ قەبىلە ئىچىدە جەمەتىمىز ئەڭ ئەرزىمەس بىر جەمەتتۇر، سىز ماڭا نېمىشقا بۇنداق دەيسىز؟ _ دەپ جاۋاب بەردى سائۇل.

22سامۇئىل سائۇل بىلەن خىزمەتكارىنى شۇ يەردىكى ئوتتۇز مېھمان ئولتۇرغان چوڭ ئۆيگە باشلاپ كىرىپ، تۆرگە ئولتۇرغۇزدى. 23كېيىن ئاشپەزگە:

_ مەن ساڭا، ئالاھىدە ساقلاپ قوي، دېگەن گۆشنى ئەمدى ئېلىپ كەل، _ دېدى.

24ئاشپەز ئوڭ سان گۆشنى ئەكېلىپ، سائۇلنىڭ ئالدىغا قويدى.

_ مانا، بۇ ساڭا ئاتاپ ئېلىپ قويۇلغان گۆش، مەرھەمەت، ئالدىڭغا تارتىپ يېگىن! مەن مېھمانلارنى چاقىرغىنىمدىن تارتىپ، مۇشۇ ۋاقىتقىچە بۇ ساڭا ساقلاندى، _ دېدى سامۇئىل. شۇ كۈنى سائۇل سامۇئىل بىلەن بىللە غىزالاندى.

25ئۇ ئىككىسى سەجدىگاھتىن شەھەرگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۆگزىدە پاراڭلاشتى، سائۇل ئۆگزىدە يېتىپ قالدى. 26تاڭ ئاتقان چاغدا سامۇئىل ئۆگزىدە ياتقان سائۇلنى چاقىرىپ:

_ ئورنۇڭدىن تۇر، مەن سېنى يولغا سېلىپ قويىمەن! _ دېدى.

سائۇل ئورنىدىن تۇرۇپ، سامۇئىل بىلەن چىقىپ كەتتى. 27ئۇلار شەھەرنىڭ چېتىگە بارغاندا، سامۇئىل سائۇلغا:

_ خىزمەتكارىڭغا ئېيت، ئۇ ئاۋۋال مېڭىپ تۇرسۇن، _ دېدى.

خىزمەتكار كەتكەندىن كېيىن سامۇئىل:

_ سەن مۇشۇ يەردە توختاپ تۇرغىن، ساڭا پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىنى يەتكۈزۈپ قوياي، _ دېدى.


10

سائۇلنىڭ ئىسرائىللارغا پادىشاھ بولۇپ تەيىنلىنىشى

1شۇنىڭدىن كېيىن سامۇئىل بىر قۇتا زەيتۇن يېغىنى سائۇلنىڭ بېشىغا قۇيۇپ، ئۇنى سۆيۈپ:

_ مانا بۇ پەرۋەردىگارنىڭ سېنى ئۆز خەلقى ئىسرائىلغا باش بولۇشقا تەيىنلىگىنى. 2بۈگۈن سەن مەندىن ئايرىلغاندىن كېيىن، بىنيامىن زېمىنىنىڭ بىر چېتىدىكى زەلزاخ دېگەن يەرگە يېتىپ بارغىنىڭدا، راھىلەنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىدا ئىككى ئادەمنى ئۇچرىتىسەن، ئۇلار ساڭا: «سىز ئىزدەپ چىققان ئېشەكلەر تېپىلدى، ئاتىڭىز ئەمدى ئېشەكلەردىن ئەمەس، سىزدىن ئەنسىرەپ، ‹ئوغلۇمنى قانداق تاپارمەن؟› دەپ ئولتۇرىدۇ» دەيدۇ.

3سەن ئۇ يەردىن ئۆتۈپ يەنە ئالدىغا مېڭىپ تابوردىكى دۇپ دەرىخىنىڭ يېنىغا يېتىپ كەلگەندە، بەيتەلگە خۇداغا ئىبادەت قىلغىلى ماڭغان ئۈچ ئادەمنى ئۇچرىتىسەن. ئۇلارنىڭ بىرى ئۈچ ئوغلاق، بىرى ئۈچ نان ۋە يەنە بىرى بىر تۇلۇم شاراب ئالغان بولۇپ، 4ئۇلار ساڭا سالام قىلىپ، ئىككى نان بېرىدۇ. بەرگەن نانلارنى ئېلىشىڭ كېرەك.

5ئۇنىڭدىن كېيىن، سەن فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قاراۋۇل ئەترىتى جايلاشقان «خۇدانىڭ تېغى» دەپ ئاتالغان گىبئاھقا بارىسەن. شەھەرگە كىرگىنىڭدە، تاغدىكى سەجدىگاھتىن چۈشۈپ كەلگەن پەيغەمبەرلەرگە يولۇقىسەن. ئۇلار چىلتار، داپ، سۇناي ۋە لىرالارنى چېلىشىپ، ھاياجاندا ۋارقىراپ، ئۇسسۇل ئوينىشىدۇ. 6شۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ روھى ساڭا كۈچ-قۇدرەتتە چۈشىدۇ. سەن ئۇلارغا قوشۇلۇپ، ھاياجاندا ۋارقىراپ، ئۇسسۇل ئويناپ، باشقا بىر ئادەمدەك بولۇپ قالىسەن. 7بۇ ئالامەتلەر كۆرۈنگەن چاغدا، سەن ئۆزۈڭ بىلگەننى قىل. چۈنكى خۇدا ساڭا ياردۇر. 8سەن گىلگالغا مەندىن بۇرۇن يېتىپ بارىسەن. مەن شۇ يەردە كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى قىلىش ئۈچۈن قېشىڭغا بارىمەن. سەن ئۇ يەردە مەن كەلگۈچە يەتتە كۈن ساقلاپ تۇرغىن، مەن يېتىپ بارغاندىن كېيىن، نېمە قىلىشىڭنى دەپ بېرىمەن.

9سائۇل سامۇئىلدىن ئايرىلىپ كەينىگە بۇرۇلۇپ مېڭىشىغىلا، خۇدا ئۇنىڭغا يېڭى بىر قەلب ئاتا قىلدى. ئالدىن دېيىلگەن ئاشۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى شۇ كۈنى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. 10سائۇل خىزمەتكارى بىلەن گىبئاھقا كەلگەندە، بىر توپ پەيغەمبەرلەرگە يولۇقتى. شۇ چاغدا خۇدانىڭ روھى ئۇنىڭغا كۈچ-قۇدرەتتە چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھېلىقى بىر توپ پەيغەمبەرلەرگە قوشۇلۇپ، ھاياجاندا ۋارقىراپ، ئۇسسۇل ئويناپ كەتتى. 11ئىلگىرى سائۇلنى تونۇيدىغانلار بۇنى كۆرۈپ ھەيران قېلىپ، بىر-بىرىگە:

_ كىشنىڭ ئوغلىغا نېمە بولغاندۇ؟ سائۇلمۇ پەيغەمبەرلەردىنمىدۇ؟ _ دېيىشىپ كەتتى. 12لېكىن شۇ يەرلىك بىر كىشى سائۇلنى ياقلاپ:

_ ئەمىسە باشقىلارچۇ؟ ئۇلارنىڭ ئاتىسى پەيغەمبەرمىدى؟ _ دېدى.

«سائۇلمۇ پەيغەمبەرلەردىنمىدۇ؟» دېگەن ماقال ئەنە شۇنىڭدىن قالغان.

13سائۇل ئۇ يەردە ھاياجاندا ۋارقىراپ، ئۇسسۇل ئويناشتىن توختىغاندىن كېيىن، سەجدىگاھقا چىقتى.

14سائۇلنىڭ تاغىسى ئۇنى ۋە ئۇنىڭ خىزمەتكارىنى كۆرۈپ:

_ سىلەر زادى نەگە باردىڭلار؟ _ دەپ سورىدى.

_ ئېشەكلەرنى ئىزدىگىلى چىققان! _ دېدى سائۇل، _ ئېشەكلەرنى تاپالمىغاندىن كېيىن، سامۇئىلنىڭ يېنىغا باردۇق.

15_ ئۇ سىلەرگە نېمە دېدى؟ _ دەپ سورىدى سائۇلنىڭ تاغىسى.

16_ ئۇ بىزگە ئېشەكلەرنىڭ تېپىلغانلىقىنى دەپ بەردى، _ دېدى سائۇل، لېكىن ئۆزىنىڭ پادىشاھ بولۇپ تەيىنلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا سامۇئىلنىڭ ئېيتقانلىرىنى تاغىسىغا دېمىدى.

17سامۇئىل ئىسرائىل خەلقىنى مىزپاھقا، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا چاقىردى 18ۋە ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا شۇنداق دەيدۇكى: «مەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتىم، سىلەرنى مىسىرلىقلارنىڭ ۋە سىلەرگە زۇلۇم قىلغان بارلىق مىللەتلەرنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقتىم. 19لېكىن ئەمدى سىلەر مېنى _ ئۆزۈڭلارنى پۈتۈن بالايىئاپەت ۋە مۇشەققەتلەردىن قۇتقۇزغان خۇدايىڭلارنى رەت قىلىپ، ئۆزۈڭلارغا بىر پادىشاھ تەيىنلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلدىڭلار. ئەمدى سىلەر قەبىلە ۋە جەمەت تەرتىپى بويىچە، مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ھازىر بولۇڭلار.»

20شۇنىڭدىن كېيىن سامۇئىل ھەربىر قەبىلىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تىزدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىنيامىن قەبىلىسى تاللاندى. 21ئاندىن سامۇئىل بىنيامىن قەبىلىسىدىكى ھەربىر جەمەتنى ئالدىغا چىقاردى، ئۇلاردىن ماترى جەمەتى تاللاندى. ئاخىرىدا ماترى جەمەتىدىكىلەردىن كىشنىڭ ئوغلى سائۇل تاللاندى. لېكىن ئۇلار سائۇلنى ئىزدىگەندە ئۇنى تاپالمىدى. 22شۇڭا ئۇلار يەنە پەرۋەردىگاردىن:

_ ئۇ ئادەم بۇ يەردىمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

_ ئۇ ياراغ-جابدۇقلارنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنۇۋالدى، _ دېدى پەرۋەردىگار. 23بىراۋلار يۈگۈرۈپ بېرىپ سائۇلنى ئۇ يەردىن ئېلىپ كەلدى. ئۇ خالايىقنىڭ ئارىسىدا تۇرغاندا، ھېچكىمنىڭ بويى ئۇنىڭ يەلكىسىدىن ئاشمايتتى.

24سامۇئىل خەلققە:

_ پەرۋەردىگار تاللىغان ئادەمنى ئەمدى كۆردۈڭلارمۇ؟ خەلقىمىز ئىچىدە ئۇنىڭغا يېتىدىغان بىرمۇ ئادەم يوق، _ دېدى.

بۇنىڭ بىلەن خەلقنىڭ ھەممىسى:

_ ياشىسۇن پادىشاھ! _ دەپ چۇقان كۆتۈرۈشتى.

25سامۇئىل خەلققە پادىشاھنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە ھوقۇقىنى ئېيتىپ بەردى ھەمدە ئۇلارنى يازما شەكىلدە يېزىپ، مۇقەددەس جايغا قويدى. ئاندىن كېيىن خەلقنى ئۆيلىرىگە قايتۇرۇۋەتتى.

26سائۇلمۇ گىبئاھقا، ئۆز ئۆيىگە قايتتى. قەلبى خۇدا تەرىپىدىن تەسىرلەندۈرۈلگەن بىر توپ باتۇرلار ئۇنىڭغا ھەمراھ بولدى. 27لېكىن بەزى ئوسال كىشىلەر:

_ بۇ ئادەم قانداقمۇ بىزنى قۇتقۇزالايدۇ؟ _ دېيىشىپ، سائۇلنى مەنسىتمەي، ئۇنىڭغا ھېچقانداق سوۋغات بەرمىدى. سائۇل ھېچنېمە دېمىدى.


p class=”zhenzhu”>11

سائۇلنىڭ ئاممونلارنى مەغلۇپ قىلىشى

1ئاممونلارنىڭ پادىشاھى ناخاش گىلئادتىكى يابېش شەھىرىگە كېلىپ، ئۇ يەرنى قامال قىلدى. پۈتۈن يابېش ئاھالىسى پادىشاھ ناخاشقا:

_ ئەگەر بىز بىلەن كېلىشىم تۈزسىلە، سىلىگە ئەل بولايلى، _ دېدى.

2پادىشاھ ناخاش ئۇلارغا جاۋابەن:

_ ئۇنداقتا ھەربىرىڭلارنىڭ ئوڭ كۆزىنى ئويۇۋېلىپ، پۈتكۈل ئىسرائىللارنى خورلۇقتا قالدۇرۇش شەرتى ئاستىدا، سىلەر بىلەن ئەھدە تۈزەي، _ دېدى.

3يابېشنىڭ ئاقساقاللىرى ئۇنىڭغا:

_ بىزگە يەتتە كۈنلۈك مۆھلەت بەرگەيلا، بىز پۈتكۈل ئىسرائىلىيە زېمىنىغا ئەلچىلەر ئەۋەتەيلى، شۇ جەرياندا بىزنى قۇتقۇزىدىغان ئادەم چىقمىسا، سىلىگە تەسلىم بولايلى، _ دېدى.

4ئەلچىلەر سائۇلنىڭ يۇرتى گىبئاھ شەھىرىگە يېتىپ كەلگەندە، خەلققە بۇ خەۋەرنى يەتكۈزگەنىدى، پۈتۈن خەلق داد-پەرياد كۆتۈرۈپ يىغلاشتى. 5شۇ چاغدا سائۇل ئېتىزلىقىدىن چىقىپ، ئۆكۈزلىرىنى ھەيدەپ كېلىۋاتاتتى. ئۇ: «خەلق نېمە ئۈچۈن يىغلىشىدۇ؟» دەپ ئەتراپىدىكىلەردىن سورىغانىدى، ئۇلار ئۇنىڭغا يابېشتىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ خەۋىرىنى ئېيتتى.

6سائۇل بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندا، خۇدانىڭ روھى ئۇنىڭغا كۈچ-قۇدرەتتە چۈشۈپ، غەزىپى قاتتىق ئۆرلىدى. 7ئۇ ئىككى ئۆكۈزنى سويۇپ، پارچىلاپ، ئۇلارنىڭ گۆشلىرىنى خەۋەرچىلەردىن پۈتكۈل ئىسرائىلىيە زېمىنىغا ئەۋەتىپ:

_ ئەمدى كىمكى سائۇل بىلەن سامۇئىلغا ئەگىشىپ ئۇرۇشقا ئاتلانمىسا، ئۇنىڭ بۇقىلىرىمۇ مۇشۇنداق پارچىلىنىدۇ _ دەپ ئېلان قىلغۇزدى. پەرۋەردىگار خەلققە سائۇلنىڭ قەھرى ئارقىلىق شۇنداق قورقۇنچ سالدىكى، ئۇلار بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ چىقىپ كەلدى. 8سائۇل ئۇلارنى بەزەق دېگەن يەرگە يىغدى، ئۇ يەردە يەھۇدا قەبىلىسىدىن 30 مىڭ كىشى، ئىسرائىلنىڭ باشقا قەبىلىلىرىدىن ئۈچ يۈز مىڭ كىشى بار ئىدى. 9سائۇل گىلئادتىكى يابېشتىن كەلگەن ئەلچىلەرگە:

_ سىلەر يابېشقا قايتىپ بېرىپ يابېشلىقلارغا ئېيتىڭلار، ئەتە چۈشتە ئۇلار قۇتقۇزۇلىدۇ، _ دېدى.

يابېشلىقلار بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن خۇشال بولۇپ كېتىشتى. 10ئۇلار ئاممونلارغا:

_ ئەتە بىز سىلەرگە تەسلىم بولىمىز، بىزگە قانداق قىلغۇڭلار كەلسە شۇنداق قىلىڭلار، _ دېدى.

11ئىككىنچى كۈنى سائۇل ئادەملىرىنى ئۈچ قىسىمغا بۆلۈپ، تاڭ ئېتىشى بىلەن ئاممونلارنىڭ بارگاھىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ، چۈشكىچە ئۇلارنى قىرغىن قىلدى. ھايات قالغانلار شۇنداق پاراكەندە بولۇپ، ھەر تەرەپكە قاچتىكى، ھەتتا ئىككى ئادەمنىڭ بىر يەردە تۇرغانلىقىنى كۆرگىلى بولمىدى.

12خەلق سامۇئىلغا:

_ سائۇل قانداقمۇ بىزگە پادىشاھ بولالىسۇن دېگەنلەر كىملەر؟ ئۇلار ئوتتۇرىغا چىقىرىلسۇن، بىز ئۇلارنى ئۆلتۈرىمىز، _ دېيىشتى.

13_ بۈگۈن ھېچكىمنى ئۆلتۈرۈشكە بولمايدۇ. چۈنكى بۈگۈن پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيەگە نۇسرەت بەرگەن كۈن، _ دېدى سائۇل.

14سامۇئىل خالايىققا:

_ گىلگالغا بېرىپ، شۇ يەردە سائۇلنىڭ پادىشاھلىقىنى يېڭىباشتىن جاكارلايلى، _ دېدى.

15خەلق گىلگالغا بېرىپ، پەرۋەردىگار ئالدىدا سائۇلنىڭ پادىشاھ ئىكەنلىكىنى يېڭىباشتىن ئېتىراپ قىلدى ھەم پەرۋەردىگارغا ئامانلىق قۇربانلىقلىرى قىلىشتى. سائۇل بىلەن پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى شاد-خۇراملىققا چۆمدى.


12

سامۇئىلنىڭ ئاخىرقى نۇتۇقى

1_ قاراڭلار! مەندىن سورىغىنىڭلارنىڭ ھەممىسىنى بەجا كەلتۈردۈم، سىلەرگە بىر پادىشاھ تەيىنلەپ بەردىم، _ دېدى سامۇئىل پۈتۈن ئىسرائىللارغا، 2_ مانا ئەمدى بۇ پادىشاھ سىلەرگە رەھبەرلىك قىلىدۇ. مەن قېرىدىم، چاچلىرىم ئاقاردى، ئوغۇللىرىممۇ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا تۇرۇپتۇ. مەن ياش ۋاقتىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە سىلەرگە رەھبەرلىك قىلىپ كەلدىم. 3قاراڭلار، مانا مەن بۇ يەردە تۇرۇپتىمەن. سىلەر بۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ ۋە ئۇ تاللىغان پادىشاھنىڭ ئالدىدا ماڭا ئەرزىڭلار بولسا ئېيتىڭلار. مەن كىمنىڭ كالىسىنى تارتىۋالدىم، كىمنىڭ ئېشىكىنى بۇلىۋالدىم، كىمنىڭ ھەققىنى يېدىم، كىمگە زۇلۇم سالدىم، كىمنىڭ قولىدىن پارا ئالغانلىقىم سەۋەبلىك كۆزۈمنى يۇمۇۋالدىم؟ ئەگەر شۇنداق ئىشلار بولغان بولسا، مەن چوقۇم تۆلەيمەن!

4_ سىلى بىزنىڭ ھەققىمىزنى يېمىگەن، ھېچكىمگە زۇلۇم سالمىغان ۋە ھېچ كىشىنىڭ قولىدىن بىرەر نەرسە ئالمىغان، _ دېيىشتى خالايىق.

5سامۇئىل ئۇلارغا:

_ سىلەرنىڭ مەندە ھېچ ھەققىڭلار قالمىغانلىقىغا پەرۋەردىگار ۋە ئۇ تاللىغان پادىشاھ بۈگۈن گۇۋاھ بولسۇن، _ دېگەنىدى، ئۇلار ئۇنىڭغا: «گۇۋاھ بولسۇن!» دېيىشتى.

6سامۇئىل خالايىققا:

_ مۇسا بىلەن ھارۇننى تاللىغۇچى ھەم ئاتا-بوۋاڭلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققۇچى دەل پەرۋەردىگار ئۆزىدۇر. 7ئەمدى سىلەر ئۆز جايىڭلاردا قاراپ تۇرۇڭلار، مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ سىلەرگە، شۇنداقلا ئاتا-بوۋاڭلارغا قىلغان ئادىل ئەمەللىرىنى ئالدىڭلارغا قويىمەن. 8ياقۇپ مىسىرغا كەلگەندىن كېيىن، ئاتا-بوۋاڭلار پەرۋەردىگارغا يېلىنغاندا، پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇننى ئاتا-بوۋاڭلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىشقا ئەۋەتكەن. ئۇلار ئاتا-بوۋاڭلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، مۇشۇ يەرگە ئولتۇراقلاشتۇردى. 9ئەمما ئاتا-بوۋاڭلار ئۆزلىرىنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانى ئۇنتۇغاچقا، خۇدا ئۇلارنىڭ خازور شەھىرىدىكى قوشۇننىڭ باش سەركەردىسى سىسىرانىڭ قولىغا، فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىغا ۋە موئاب پادىشاھىنىڭ قولىغا چۈشۈشىگە يول قويغان. 10ئاتا-بوۋاڭلار ئۇلارنىڭ قولىغا چۈشكەندە، پەرۋەردىگارغا نالە-پەرياد قىلىپ: «ئى پەرۋەردىگار، بىز سېنى تاشلاپ، بائال ۋە ئاشتورەتلەرگە ئىبادەت قىلىپ، گۇناھ قىلدۇق، ئەمدى بىزنى دۈشمەنلىرىمىزنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغايسەن. بىز ساڭا ئىبادەت قىلايلى» دېگەن. 11شۇڭا پەرۋەردىگار گىدئون، بىدان، يېفتاخ ۋە مەن سامۇئىلنى سىلەرنى ئەتراپىڭلاردىكى دۈشمەنلەردىن قۇتقۇزۇشقا ئەۋەتكەنىدى، شۇ سەۋەبتىن سىلەر تىنچ-ئامان قالدىڭلار. 12گەرچە خۇدايىڭلار بولغان پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ ئۆز پادىشاھىڭلار بولسىمۇ، ئاممونلارنىڭ پادىشاھى ناخاشنىڭ سىلەرگە قارشى قوپقىنىنى كۆرگىنىڭلاردا، سىلەر يەنىلا قورقۇپ، ماڭا: «بىزگە بىزنى ئىدارە قىلىدىغان بىر پادىشاھ تەيىنلەپ بەر» دېدىڭلار.

13مانا، بۇ سىلەر خاھىشىڭلار بويىچە تەلەپ قىلغان پادىشاھتۇر! قاراڭلار، پەرۋەردىگار ئۈستۈڭلاردىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا بىر پادىشاھ قويدى. 14سىلەر پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىپ، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىپ، ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالساڭلار، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە قارشى چىقماي، ئۈستۈڭلاردىن ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى پادىشاھ بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا ئەگەشسەڭلار، ھەممە ئىشىڭلار ياخشى بولىدۇ. 15لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالماي، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە قارشى چىقساڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ قۇدرەتلىك قولى ئاتا-بوۋاڭلارنى جازالىغاندەك سىلەرنىمۇ جازالايدۇ. 16ئەمدى ئۆز جايىڭلاردا داۋاملىق تۇرۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا قىلىدىغان بۇ ئاجايىپ ئىشىغا قاراڭلار. 17ھازىر بۇغداي ئورىدىغان قۇرغاق ۋاقىت ئەمەسمۇ؟ مەن پەرۋەردىگاردىن تىلەي، ئۇ گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر ياغدۇرىدۇ، شۇ چاغدا سىلەر پادىشاھ تەلەپ قىلغانلىقىڭلار بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قانچىلىك چوڭ يامانلىق قىلغىنىڭلارنى كۆرىسىلەر ۋە بىلىسىلەر _ دېدى.

18ئاندىن سامۇئىل پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ تىلىۋىدى، پەرۋەردىگار شۇ كۈنى گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر ياغدۇردى، خالايىق بۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگاردىن ھەم سامۇئىلدىن قاتتىق قورقۇپ كېتىشتى. 19خالايىق سامۇئىلغا:

_ پەرۋەردىگار خۇدايىڭىزغا بىزنى ئۆلۈپ كەتمىسۇن، دەپ دۇئا قىلسىڭىز، چۈنكى بىز پادىشاھ تەيىنلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش بىلەن بارلىق گۇناھلىرىمىز ئۈستىگە گۇناھ ئۆتكۈزۈپتىمىز، _ دېدى.

20سامۇئىل خەلققە:

_ قورقماڭلار! گەرچە بۇ يامانلىقنى قىلغان بولساڭلارمۇ، ئەمدى پەرۋەردىگارغا ئەگىشىشتىن ۋاز كەچمەي، پۈتۈن قەلبىڭلار بىلەن پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىڭلار. 21ئېزىپ كېتىپ، بۇتلارغا چوقۇنۇپ قالماڭلار. چۈنكى ئۇلار پايدىسىز، سىلەرنىمۇ قۇتقۇزالمايدۇ، ئۇلار كېرەكسىز، قۇرۇق نەرسىلەردۇر. 22پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ نامىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئۆز خەلقىنى تاشلىمايدۇ. ھەقىقەتەنمۇ پەرۋەردىگار سىلەرنى ئۆز خەلقى قىلىشقا ئىرادە قىلغاندۇر. 23ماڭا كەلسەك، مەن ھەرگىز سىلەرگە بولغان دۇئايىمنى توختىتىپ، پەرۋەردىگارغا قارشى گۇناھ قىلمايمەن. مەن سىلەرگە ياخشى ۋە توغرا يولنى كۆرسىتەي، 24سىلەر پەقەتلا پەرۋەردىگاردىن قورقۇپ، ئۇنىڭغا ساداقەتلىك بىلەن ئىبادەت قىلىڭلار. ئۇنىڭ سىلەرگە قىلغان ئىشلىرىنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغ ئىكەنلىكىنى ئويلاڭلار. 25ئەگەر سىلەر يەنىلا گۇناھ قىلساڭلار، پادىشاھىڭلارمۇ، ئۆزۈڭلارمۇ بىردەك ھالاك بولىسىلەر، _ دېدى.

 


13

سائۇلنىڭ پەرۋەردىگارغا ئىتائەتسىزلىك قىلىشى

1سائۇل تەختكە چىققان ۋاقتىدا ئوتتۇز ياش ئىدى، ئىسرائىلىيەگە قىرىق ئىككى يىل پادىشاھ بولدى.*2سائۇل ئۆزىگە ئىسرائىلىيەنىڭ لەشكەرلىرىدىن ئۈچ مىڭنى تاللىۋالدى، ئۇلاردىن ئىككى مىڭى ئۆزى بىلەن بىرگە مىكماس ۋە بەيتەل ئېدىرلىقلىرىدا تۇردى؛ بىر مىڭى ئوغلى يوناتان بىلەن بىرگە بىنيامىن قەبىلىسىگە تەۋە گىبئاھ دېگەن يەردە تۇردى. قالغانلىرىنى ئۇ ئۆز ئۆيلىرىگە قايتۇردى.

3يوناتان گەبادىكى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قاراۋۇل ئەترىتىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى يەڭدى. بۇ خەۋەر فىلىستىيەلىكلەر ئارىسىدا تېز تارقالدى. ئۇ چاغدا سائۇل پۈتۈن يۇرتتا بۇرغا*چالدۇرۇپ، ئىبرانىيلارنى ئۇرۇشقا چاقىردى. 4بارلىق ئىسرائىللار: «سائۇل فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قاراۋۇل ئەترىتىگە ھۇجۇم قىلىپ يېڭىپتۇ» دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ، ھەم فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ئىسرائىللارغا ئۆچلۈكىنى بىلىپ، چاقىرىق بويىچە گىلگالغا كېلىپ، سائۇلغا ئەگەشتى.

5فىلىستىيەلىكلەر ئىسرائىللار بىلەن جەڭ قىلىشقا يىغىلدى، ئۇلار ئۈچ مىڭ جەڭ ھارۋىسى، ئالتە مىڭ ئات ۋە دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك كۆپ پىيادە لەشكەرلەرنى يىغىپ كېلىپ، بەيتئاۋەننىڭ كۈنچىقىش تەرىپىدىكى مىكماستا چېدىر تىكتى. 6ئەمما ئىسرائىللار بولسا ئۆزلىرىنىڭ خەۋپ ئاستىدا قالغانلىقىنى، ئەھۋالىنىڭ ناچارلىقىنى كۆرۈپ، غارلارغا، كامارلارغا، قىيا تاشلار ئارىسىغا، قەبرىلەرگە ۋە ئازگاللارغا يوشۇرۇنۇۋالدى. 7بىر قىسىملىرى بولسا ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، گاد ۋە گىلئاد زېمىنىغا ئۆتۈپ كەتتى. سائۇل تېخىچە گىلگالدا ئىدى. ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ۋەھىمە باستى. 8سائۇل، سامۇئىل ئۆزىگە ئېيتقاندەك يەتتە كۈن كۈتتى، ئەمما سامۇئىل تېخىچە گىلگالغا يېتىپ كەلمىگەنىدى. شۇڭا كىشىلەر سائۇلدىن ئايرىلىپ تارقىلىپ كېتىشكە باشلىدى. 9سائۇل:

_ كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقىنى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىڭلار، _ دېدى.

ئاندىن ئۆزى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى. 10لېكىن كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى ئەمدىلا قىلىپ بولغاندا، سامۇئىل يېتىپ كەلدى. سائۇل ئۇنىڭ ئالدىغا قارشى ئېلىشقا چىققانىدى، 11سامۇئىل:

_ سەن نېمە ئىش قىلدىڭ؟ _ دېدى.

_ قارىسام خەلق مەندىن ئايرىلىپ تارقىلىپ كېتىۋاتىدۇ، سىزمۇ دېگەن ۋاقىتتا يېتىپ كەلمىدىڭىز، يەنە كېلىپ فىلىستىيەلىكلەر مىكماسقا توپلىنىشتى. 12شۇڭا مەن ئىچىمدە: «ئەمدى فىلىستىيەلىكلەر گىلگالغا كېلىپ، ماڭا ھۇجۇم قىلىدىغان بولدى، مەن تېخى پەرۋەردىگاردىن ياردەم تىلىمىگەن تۇرسام» دەپ ئويلاپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم، _ دېدى سائۇل.

13_ سەن ئەخمەقلىق قىلىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ساڭا بۇيرۇغان ئەمرىگە*رىئايە قىلمىدىڭ! بولمىسا، پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيە ئۈستىدىكى پادىشاھلىق ئورنۇڭنى ئەبەدىلئەبەد مۇستەھكەم تۇرغۇزاتتى. 14ئەمدى سېنىڭ پادىشاھلىق ئورنۇڭ ئۇزاققا بارمايدۇ. پەرۋەردىگار ئۆز كۆڭلىگە مۇۋاپىق بىر ئادەمنى تاپتى. ئۇنى ئۆز خەلقىنىڭ بېشى قىلدى. چۈنكى سەن پەرۋەردىگار ساڭا بۇيرۇغان ئەمرگە رىئايە قىلمىدىڭ، _ دېدى سامۇئىل سائۇلغا.

15ئاندىن سامۇئىل گىلگالدىن ئايرىلىپ، ئۆز يولىغا كەتتى. قالغانلىرى سائۇلغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ لەشكەرلىرى بىلەن جەم بولدى. ئۇلار گىلگالدىن بىنيامىن قەبىلىسىگە تەۋە گىبئاھقا كەلدى. سائۇل ئۆز ئادەملىرىنى سانىۋىدى، ئالتە يۈزچە چىقتى.

16سائۇل، ئوغلى يوناتان ۋە ئۇلارغا ئەگەشكۈچىلەر بىنيامىن زېمىنىدىكى گىبئاھتا توختاپ قالدى. فىلىستىيەلىكلەر بولسا مىكماستا بارگاھ قۇرغانىدى. 17بۇ چاغدا فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ئۈچ سەپكە بۆلۈنگەن زەربىدار قىسىملىرى بارگاھىدىن چىقتى. بىر قىسمى شىمالغا قاراپ، شۇئال زېمىنىدىكى ئوفراھقا يول ئالدى، 18بىر قىسمى غەربكە قاراپ، بەيت-خورونغا بارىدىغان يولغا چۈشتى، يەنە بىر قىسمى چۆلنىڭ چېتىدىكى زىبوئىم جىلغىسىغا قارايدىغان تاغقا قاراپ ماڭدى.

19ئۇ چاغلاردا پۈتۈن ئىسرائىلىيەدە بىرمۇ تۆمۈرچى يوق ئىدى. چۈنكى فىلىستىيەلىكلەر ئىبرانىيلار ئۆزلىرىگە قىلىچ، نەيزە سوقتۇرۇۋالمىسۇن دەپ، ئۇلارنىڭ تۆمۈرچىلىك قىلىشىغا يول قويمىغانىدى، 20شۇ سەۋەبتىن ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى كەتمەن، پالتا، ئورغاق ۋە ساپان چىشلىرىنى بىلەش ئۈچۈن فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قېشىغا باراتتى. 21ساپان چىشلىرى ياكى كەتمەن بىلەشنىڭ ھەققى سەككىز گىرام كۈمۈش، ئۈچ چىشلىق ئارا، پالتا ياكى كالا نوقۇيدىغان زىخنى بىلەشنىڭ ھەققى تۆت گىرام كۈمۈش ئىدى. 22شۇڭا ئۇرۇش بولىدىغان ۋاقىتلارغا كەلگەندە، يالغۇز سائۇل بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى يوناتاندىلا نەيزە-قىلىچ بولغاندىن باشقا، ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ھېچقايسىسىدا يا قىلىچ، يا نەيزە يوق ئىدى.

23ئەينى ۋاقىتتا فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بىر قاراۋۇل ئەترىتى مىكماستىكى داۋانغا مۇھاپىزەتچىلىككە چىققانىدى.



*13:1 ئۇشبۇ ئايەتتىكى «ئوتتۇز» ۋە «قىرىق ئىككى» دېگەن سانلار ئىبرانىيچە قول يازمىلاردىن چۈشۈپ قالغان. بۇ يەردىكى «ئوتتۇز» بەزى قەدىمكى گرېكچە تەرجىمىلەرگە ئاساسەن ئېلىنغان. سائۇل پادىشاھنىڭ ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقتى ھەققىدە «مۇقەددەس كىتاب»تا ئىككى ئوخشىمىغان مەنبە بار. ئىبرانىيچە قول يازمىلارنىڭ ئۇشبۇ ئايىتىدە، «سائۇل پادىشاھ ئىككى يىل ھۆكۈم سۈرگەن» دەپ يېزىلغان بولسا، ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 13-باب 21-ئايەتتە «قىرىق يىل ھۆكۈم سۈرگەن» دەپ يېزىلغان. يۇقىرىقى مەنبەلەرگە ئاساسەن بىز سائۇل پادىشاھنىڭ قىرىق ئىككى يىل ھۆكۈم سۈرگەنلىكىنى مۆلچەرلىيەلەيمىز.

*13:3 بۇرغا _ قوچقار قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ مۈڭگۈزىدىن ياسالغان، پۈۋلەپ چېلىنىدىغان قەدىمىي چالغۇ ئەسۋاب.

*13:13 خۇدانىڭ سامۇئىل ئارقىلىق سائۇلغا بەرگەن ئەمرى، 10-باب، 8-ئايەتكە قارالسۇن.



 

14

يوناتاننىڭ فىلىستىيەلىكلەرگە ھۇجۇم قىلىشى

1بىر كۈنى سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتان ئۆزىنىڭ ياراغلىرىنى كۆتۈرگەن يىگىتكە:

_ يۈر، قارشى تەرەپتىكى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قاراۋۇل ئەترىتى جايلاشقان يەرگە ئۆتەيلى، _ دېدى، لېكىن بۇنى ئاتىسىغا ئېيتمىدى. 2بۇ چاغدا سائۇل ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ئالتە يۈزچە ئادەم گىبئاھنىڭ ئەڭ چېتىدىكى مىگرون دېگەن جايدا بىر ئانار دەرىخىنىڭ يېنىدا بارگاھتا ئىدى. 3روھانىي ئاخىيا ئۇلارنىڭ ئىچىدە بولۇپ، روھانىيلىق قىلىپ ئېفودنى*كۆتۈرەتتى. ئۇ ئىكابودنىڭ قېرىندىشى ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى ئىدى. ئاخىتۇب پىنىخاسنىڭ ئوغلى، شىلودا پەرۋەردىگارغا روھانىيلىق قىلغان ئەلىنىڭ نەۋرىسى ئىدى. يوناتاننىڭ كەتكىنىنى خەلق بىلمەي قالدى.

4فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قاراۋۇل ئەترىتى جايلاشقان يەرگە بېرىش ئۈچۈن يوناتان بوزېز ۋە سەنەھ دەپ ئاتىلىدىغان ئىككى تىك قىيانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى داۋاندىن ئۆتۈشى كېرەك ئىدى. 5قىيانىڭ بىرى شىمالغا _ مىكماسقا، بىرى جەنۇبقا _ گەباغا قاراپ تۇراتتى.

6_ يۈر، بۇ خەتنىسىزلەرنىڭ قاراۋۇل ئەترىتى جايلاشقان يەرگە بارايلى، _ دېدى يوناتان قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە، _ پەرۋەردىگار بىز ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلسا ئەجەب ئەمەس. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ بىركىمگە نۇسرەت ئاتا قىلىشى، ئۇ كىشىنىڭ ئادىمىنىڭ ئاز ياكى كۆپ بولۇشىغا باغلىق ئەمەس.

7_ كۆڭلىڭىزدە نېمە بولسا، شۇنداق قىلىڭ! نېمە ئىش قىلسىڭىز، مەن سىز بىلەن بىللە بولىمەن، _ دېدى قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسى.

8_ بىز ئۇ ئادەملەر تۇرۇۋاتقان تەرەپكە ئۆتۈپ، ئۇلارغا ئۆزىمىزنى كۆرسىتەيلى. 9ئەگەر ئۇلار بىزگە: «بىز سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بارغۇچە ئاشۇ يەردە تۇرۇپ تۇرۇڭلار» دېسە، ئۇلارنىڭ يېنىغا بارماي، ئۆز جايىمىزدا تۇرۇپ تۇرايلى، 10ئەگەر: «بىزنىڭ يېنىمىزغا كېلىڭلار» دېسە، بارايلى. شۇنداق قىلساق، بۇ، پەرۋەردىگار ئۇلارنى بىزنىڭ قولىمىزغا تاپشۇرغانلىقىنىڭ بىر بەلگىسى بولغاي، _ دېدى يوناتان.

11ئىككىيلەن ئۆزلىرىنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قاراۋۇللىرىغا كۆرسەتكەنىدى، قاراۋۇللار:

_ مانا، ئىبرانىيلار ئۆزلىرىنى يوشۇرغان كامارلاردىن چىقتى، _ دېدى. 12ئاندىن ئۇلار يوناتان بىلەن ئۇنىڭ قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە:

_ بۇ ياققا كېلىڭلار، بۇرنۇڭلارنىڭ نوخلىسىنى ئېلىپ قويايلى، _ دېدى.

_ ماڭا ئەگىشىپ ماڭ، _ دېدى يوناتان قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە، _ پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئىسرائىللارنىڭ قولىغا بەردى.

13يوناتان فىلىستىيەلىكلەر تەرەپكە ئۆمىلەپ، يامىشىپ چىقىشقا باشلىدى، قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسىمۇ ئارقىسىدىن ئەگەشتى. يوناتان فىلىستىيەلىكلەرگە ئېتىلىپ، ئۇلارنى يەرگە يىقىتتى، ياراغ كۆتۈرگۈچىسىمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشكە كىرىشتى. 14بۇ دەسلەپكى ھۇجۇمدا يوناتان بىلەن ئۇنىڭ قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسى تەخمىنەن ئۈچ مو كېلىدىغان يەردە يىگىرمە ئادەمنى ئۆلتۈردى. 15توساتتىن بارگاھ ۋە دالادىكى فىلىستىيەلىكلەر توپى ئالاقزادە بولۇپ كېتىشتى، قاراۋۇللار ۋە زەربىدارلارمۇ قورقۇپ، تىترەپ كېتىشتى، يەرمۇ تەۋرەپ كەتتى. بۇ خۇدادىن كەلگەن قورقۇنچ ئىدى.

ئىسرائىللارنىڭ فىلىستىيەلىكلەرنى قوغلىشى

16سائۇلنىڭ بىنيامىن قەبىلىسىگە تەۋە گىبئاھ دېگەن يەردىكى قاراۋۇللىرى فىلىستىيەلىكلەر قوشۇنىنىڭ پاراكەندە بولۇپ، ئۇياق-بۇياققا پىتىراپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ قالدى. 17سائۇل ئۇلارغا:

_ قاراپ بېقىڭلار، ئارىمىزدا كىملەر يوق ئىكەن؟ _ دېدى.

ئۇلار تەكشۈرۈپ بېقىۋىدى، يوناتان بىلەن ئۇنىڭ قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسى يوق بولۇپ چىقتى. 18ئاندىن سائۇل ئاخىياغا بۇيرۇپ:

_ ئېفودنى ئېلىپ كەل، _ دېدى.

ئۇ ۋاقىتتا ئاخىيا ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا ئېفودنى كۆتۈرۈپ ماڭاتتى. 19سائۇل روھانىيغا سۆزلەۋاتقاندا، فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بارگاھىدىكى ۋاراڭ-چۇرۇڭ بارغانسېرى كۈچىيىپ كەتتى. ئۇ روھانىيغا:

_ بولدى قىل، كېرەك ئەمەس، _ دېدى.

20سائۇل دەرھال ئۆزىگە ئەگەشكەن پۈتۈن خەلقنى يىغىپ، جەڭگاھقا بېرىپ، فىلىستىيەلىكلەرنىڭ نەيزە-قىلىچ بىلەن ئۆزئارا بىر-بىرىنى قىرغىن قىلىشىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئاجايىپ پاراكەندە بولۇپ كېتىشكەنلىكىنى كۆردى. 21بۇ چاغدا، ئىلگىرى فىلىستىيەلىكلەرگە قوشۇلۇپ كەتكەن ھەم ئۇلار بىلەن بارگاھقا كېلىپ قالغان ئىبرانىيلار فىلىستىيەلىكلەرنى تاشلاپ، سائۇل ۋە يوناتانغا ئەگىشىپ كەلگەن ئىسرائىللارغا قوشۇلۇۋالدى. 22ئەفرايىم تاغلىق رايونىغا يوشۇرۇنغان ئىسرائىللارمۇ فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قاچقانلىقىنى ئاڭلاپ، جەڭگە چىقىپ ئۇلارنى قوغلىدى. 23شۇ كۈنى پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا چوڭ نۇسرەت بەردى. بۇ جەڭ بەيتئاۋەننىڭ يىراق يەرلىرىگىچە يېيىلدى.

سائۇلنىڭ ئەخمىقانە قەسىمى

24ئۇ كۈنى ئىسرائىللار ناھايىتى ھېرىپ ھالىدىن كەتتى. چۈنكى سائۇل ئۇلارنى قەسەم بىلەن باغلاپ: «مەن دۈشمەنلىرىمدىن ئىنتىقام ئېلىپ بولمىغۇچە، كەچ كىرىشتىن بۇرۇن تائام يېگەن كىشى قارغىشقا كەتسۇن» دەپ ئېيتقانىدى. شۇنىڭ بىلەن ھېچكىم ھېچنېمە يېمىدى. 25-26ئۇلار ئورمانلىققا يېتىپ بارغاندا، يەردە ھەرە كۆنەكلىرىدىن ئېقىپ چۈشۈۋاتقان ھەسەللەرنى كۆردى. شۇنداقتىمۇ ھېچكىم ئۇنىڭدىن ئازراقمۇ ئېلىپ ئاغزىغا سالمىدى، چۈنكى ئۇلار قەسەمدىن قورقۇشتى.

27لېكىن يوناتان ئاتىسىنىڭ خەلقنى قەسەم بىلەن باغلىغانلىقىنى ئاڭلىمىغانىدى، شۇڭا ئۇ قولىدىكى تايىقىنى ھەرە كۆنىكىگە تىقىپ، ھەسەل ئېلىپ، ئاغزىغا سېلىۋىدى، كۆزى نۇرلىنىپ كەتتى. 28ئەمما كۆپچىلىكتىن بىرەيلەن ئۇنىڭغا:

_ ئاتىڭىز خەلقنى قەسەم بىلەن قاتتىق باغلاپ: «بۈگۈن ھەرقانداق نەرسە يېگەن ئادەم قارغىشقا كەتسۇن» دەپ ئېيتقانىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممەيلەن بەك ھېرىپ، ھالىمىزدىن كەتتۇق، _ دېدى.

29_ ئاتام ھەممىمىزنى بەك تەڭلىكتە قالدۇرۇپتۇ، _ دېدى يوناتان، _ قاراڭلار، مەن بۇ ھەسەلدىن ئازراق تېتىپ بېقىۋىدىم، كۆزۈم روشەنلىشىپ كەتتى. 30ئەگەر بۈگۈن خەلق دۈشمەنلىرىمىزدىن ئولجا ئالغان نەرسىلەردىن خالىغىنىچە يېگەن بولسا، تېخىمۇ ياخشى بولماسمىدى؟ بۈگۈن ئۆلتۈرۈلگەن فىلىستىيەلىكلەر تېخىمۇ كۆپ بولماسمىدى؟

31شۇ كۈنى ئۇلار فىلىستىيەلىكلەرنى سۈر-توقاي قىلىپ، مىكماستىن ئاييالونغىچە قوغلىدى. ئەمما ھەممەيلەن بارغانسېرى ئاجىزلاپ كەتكەنىدى، 32شۇڭا ئۇلار ئولجىلارغا ئۆزىنى ئېتىپ، قوي، كالا ۋە موزايلارنى ئۇدۇل كەلگەن يەردە سويۇپ، قېنىنى ئېقىتماي گۆشىنى يېدى. 33بەزىلەر سائۇلغا:

_ خەلق قېنى ئېقىتىلمىغان گۆشلەرنى يېيىش بىلەن پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھ قىلدى، _ دەپ ئېيتقانىدى، سائۇل:

_ بۇ خۇدانىڭ ئەھدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقتۇر! ئەمدى دەرھال بۇ يەرگە چوڭ بىر تاشنى دومىلىتىپ كېلىڭلار، 34خەلقنىڭ ئارىسىغا بېرىپ، ئۇلارغا ئېيتىڭلار: «ھەربىر كىشى ئۆز مېلىنى يېنىمغا ئەكېلىپ، بۇ يەردە سويۇپ يېسۇن، قېنى ئېقىتىلمىغان گۆشنى يەپ، پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھ قىلمىسۇن» _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن ھەممەيلەن ئۇ كېچىسى ئۆز مېلىنى يېتىلەپ كېلىپ، شۇ يەردە سويدى. 35سائۇل پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياسىدى، بۇ ئۇنىڭ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ياسىغان تۇنجى قۇربانلىق سۇپىسى ئىدى.

36ئاندىن سائۇل ئادەملىرىگە:

_ كېچىچە فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ، تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى تارتىۋېلىپ، ھېچ بىرىنى تىرىك قويمايلى! _ دېدى.

_ سىزگە قانداق قىلىش ياخشى بولسا، شۇنداق قىلىڭ، _ دېدى ئۇلار. لېكىن روھانىي سۆز قىستۇرۇپ:

_ بىز ئالدى بىلەن خۇدانىڭ ئىرادىسىنى بىلەيلى، _ دېدى.

37سائۇل خۇدادىن:

_ مەن فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىسام بولامدۇ؟ ئۇلارنى ئىسرائىللارنىڭ قولىغا تاپشۇرامسەن؟ _ دەپ سورىدى. لېكىن شۇ كۈنى خۇدادىن ھېچ جاۋاب كەلمىدى. 38شۇڭا سائۇل:

_ ئەي لەشكەر باشلىرى، ھەممىڭلار بۇ يەرگە كېلىڭلار، بۈگۈن نېمە گۇناھ قىلىنغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقايلى. 39مەن ئىسرائىللارغا نۇسرەت بەرگۈچى مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، بۇ گۇناھنى قىلغان كىشى ھەتتا ئوغلۇم يوناتان بولسىمۇ ئۆلۈشى كېرەك، _ دېدى.

لېكىن خەلقتىن ھېچقانداق سادا چىقمىدى. 40ئاندىن ئۇ پۈتكۈل ئىسرائىللارغا:

_ سىلەر بىر تەرەپتە تۇرۇڭلار، ئوغلۇم يوناتان ئىككىمىز يەنە بىر تەرەپتە تۇرايلى، _ دېدى.

_ سىزگە قانداق قىلىش ياخشى بولسا، شۇنداق قىلىڭ، _ دېدى خەلق.

41سائۇل پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇداغا:

_ كىمنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەيسەن، _ دېدى.

كېيىن چەك تاشلىنىۋىدى، چەك سائۇل بىلەن يوناتانغا چىقتى، خەلق قۇتۇلدى. 42سائۇل:

_ مەن بىلەن ئوغلۇم يوناتانغا چەك تاشلانسۇن، _ دېدى.

چەك يوناتانغا چىقتى. 43سائۇل يوناتانغا:

_ سەن نېمە قىلغانلىقىڭنى ماڭا ئېيت، _ دېدى.

_ قولۇمدىكى تاياق بىلەن كىچىككىنە ھەسەل ئېلىپ تېتىپ باققىنىم راست. مانا، ئۆلۈشكە رازىمەن، _ دېدى يوناتان.

44_ ئەي يوناتان! چوقۇم ئۆلۈشۈڭ كېرەك، بولمىسا خۇدا مېنى ئېغىر جازالىغاي _ دېدى سائۇل.

45لېكىن خەلق ئۇنىڭغا:

_ ئىسرائىللارنى شۇنچىۋالا چوڭ غەلىبە-نۇسرەتكە يەتكۈزگەن يوناتان تۇرسا، ئەجەبا ئۇ ئۆلۈشى كېرەكمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ! بىز مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا قەسەم قىلىمىزكى، ئۇنىڭ بىر تال مويىغىمۇ تېگىشكە بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ خۇدانىڭ ياردىمى بىلەن بۈگۈن شۇنچە چوڭ ئىشنى قىلدى، _ دېدى.

ئەنە شۇ تەرىقىدە خەلق يوناتاننى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالدى. 46شۇنىڭدىن كېيىن سائۇل فىلىستىيەلىكلەرنى قوغلىماي يېنىپ كەتتى، فىلىستىيەلىكلەرمۇ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەتتى.

سائۇلنىڭ جەڭ غەلىبىلىرى

47سائۇل ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەم قولغا ئالغاندىن كېيىن، ئەتراپىدىكى بارلىق دۈشمەنلىرى بىلەن جەڭ قىلدى. موئابلىقلار، ئاممونلار، ئىدوملۇقلار، زوباھتىكى پادىشاھلار ۋە فىلىستىيەلىكلەر بىلەن جەڭ قىلىپ، قايسى تەرەپكە يۈزلەنمىسۇن، ئۇ غەلىبە قىلدى. 48سائۇل جەڭدە باتۇر ئىدى، ئۇ ئامالەكلەرنى مەغلۇپ قىلىپ، ئىسرائىللارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغانلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدى.

49سائۇلنىڭ ئوغۇللىرى يوناتان، يىشۋى ۋە مالكىشۇۋالار ئىدى، قىزلىرى بولسا چوڭى مېراب، كىچىكى مىكال ئىدى. 50سائۇلنىڭ ئايالى ئاخىنوئام بولۇپ، ئاخىمائازنىڭ قىزى ئىدى. سائۇلنىڭ قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى ئابنېر بولۇپ، ئۇ سائۇلنىڭ تاغىسى نېرنىڭ ئوغلى ئىدى. 51سائۇلنىڭ ئاتىسى كىش بىلەن ئابنېرنىڭ ئاتىسى نېر، ئابىئېلنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى.

52سائۇلنىڭ پۈتۈن ئۆمرى فىلىستىيەلىكلەر بىلەن دائىم قاتتىق جەڭ قىلىش بىلەن ئۆتتى. شۇڭا سائۇل ھەرقاچان كۈچتۈڭگۈر ياكى باتۇر بىرىنى كۆرسە، ئۇنى ئۆز خىزمىتىگە سالاتتى.



*14:3 ئېفود _ روھانىيلىق كىيىم. بۇ يەردە ئۇشبۇ كىيىم روھانىيلىق خىزمىتىدە بولغان ئادەم تەرىپىدىن خۇدانىڭ ئىرادىسىنى بىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن.



 

15

سائۇلنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقلىرىغا تولۇق بويسۇنماسلىقى

1سامۇئىل سائۇلغا مۇنداق دېدى:

_ بېشىڭغا ياغ قۇيۇپ، سېنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خەلقى بولغان ئىسرائىللارغا پادىشاھلىققا تەيىنلىگىلى پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئادەم مەن بولىمەن. 2قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇكى: «ئىسرائىللار مىسىردىن چىققان چاغدا، ئامالەكلەرنىڭ ئۇلارغا قارشى چىققانلىقلىرى ئۈچۈن، مەن ئامالەكلەرنى جازالايمەن. 3ئەمدى سەن ئامالەكلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، پۈتۈن خەلقىنى مال-مۈلۈكلىرى بىلەن _ ئەر-ئايال، بالا-چاقا، قوي-كالا، تۆگە ۋە ئېشەكلەرگىچە ئىچ ئاغرىتىپ ئولتۇرماي تەلتۆكۈس يوقىتىۋەت*

4شۇنىڭدىن كېيىن سائۇل لەشكەرلەرنى تىلائىمغا يىغىپ، ساناقتىن ئۆتكۈزدى. پىيادە لەشكەرلەر سانى يەھۇدا قەبىلىسىدىن ئون مىڭ، ئىسرائىلىيەنىڭ باشقا قەبىلىلىرىدىن بولسا جەمئىي ئىككى يۈز مىڭ چىقتى.

5سائۇل ئامالەكلەرنىڭ شەھىرىگە كېلىپ، جىلغىدا بۆكتۈرمىدە ياتتى. 6ئاندىن قېنلارغا: «ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندا، ئۇلارغا مېھرىبانلىق كۆرسەتكەنىدىڭلار، شۇڭا سىلەرنى ئامالەكلەر بىلەن قوشۇپ يوقىتىۋەتمەسلىكىم ئۈچۈن، ئەمدى ئامالەكلەردىن بۆلۈنۈپ چىقىپ كېتىڭلار!» دەپ خەۋەر بەردى.

7سائۇل ئامالەكلەرنى خاۋىلا دېگەن يەردىن تاكى مىسىرنىڭ شەرقىدىكى شۇر دېگەن يەرگىچە قوغلاپ قىرىپ، 8ئامالەكلەرنىڭ پادىشاھى ئاگاگنى تىرىك تۇتۇپ، قالغان پۈتۈن خەلقىنى قىلىچ بىلەن تەلتۆكۈس يوقاتتى. 9ئەمما سائۇل بىلەن خەلق ئاگاگغا، شۇنداقلا سېمىز كالا، قوي، موزاي ۋە قوزىلارغا ئىچ ئاغرىتىپ، قىممىتى بارلىكى ماللارنى ئۆلتۈرمەي، قىممىتى يوق ئەرزىمەسلىرىنىڭ بىرىنىمۇ قويماي يوقىتىۋەتتى.

سائۇلنىڭ پەرۋەردىگار تەرىپىدىن پادىشاھلىقتىن ئېلىۋېتىلىشى

10بۇ چاغدا سامۇئىلغا پەرۋەردىگاردىن مۇنداق ۋەھىي كەلدى:

11«سائۇل مەندىن يۈز ئۆرۈپ، بۇيرۇقىمنى ئىجرا قىلمىدى، ئۇنى پادىشاھ قىلغىنىمغا پۇشايمان قىلدىم». سامۇئىل قەۋەتلا ئاچچىقلىنىپ، پۈتۈن كېچە پەرۋەردىگارغا نالە-پەرياد قىلىپ چىقتى. 12سامۇئىل ئەتىسى سەھەر قوپۇپ سائۇلنىڭ قېشىغا بارغاندا، ئۇنىڭغا: «سائۇل كارمەلگە بېرىپ، ئۆز شەرىپىگە بىر خاتىرە مۇنارى تەيىنلەپ، ئاندىن گىلگالغا كېتىپتۇ» دېگەن خەۋەر يېتىپ كەلدى. 13سامۇئىل سائۇلنىڭ يېنىغا كېلىۋىدى، سائۇل ئۇنىڭغا:

_ پەرۋەردىگار سىزگە بەخت ئاتا قىلغاي! مەن پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلدىم، _ دېدى.

14سامۇئىل ئۇنىڭغا:

_ قۇلىقىمغا قويلارنىڭ مەرەشلىرى، كالىلارنىڭ مۆرەشلىرى ئاڭلىنىدىغۇ، بۇ نېمە ئىش؟ _ دېۋىدى، 15سائۇل ئۇنىڭغا:

_ ئۇ، ئادەملىرىمنىڭ ئامالەكلەردىن ئالغان ئولجىلىرى، پەرۋەردىگار خۇدايىڭىزغا قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن ئۇلار سېمىز كالا، قويلارنى ئاياپ، ساقلاپ قېلىشتى. قالغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىز تەلتۆكۈس يوقىتىۋەتتۇق، _ دېدى.

سامۇئىل سائۇلغا قاراپ:

16_ توختاپ تۇر! مەن ساڭا پەرۋەردىگارنىڭ تۈنۈگۈن ئاخشام ماڭا دېگەن سۆزلىرىنى ئېيتىپ بېرەي، _ دېدى.

_ قېنى، مەرھەمەت، _ دېدى سائۇل.

17_ گەرچە ئۆزۈڭنى مۇھىم ئادەم ئەمەس، دەپ ھېسابلاپ يۈرسەڭمۇ، ئەمەلىيەتتە ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ باشلىقى ئەمەسمۇسەن؟ _ دېدى سامۇئىل سائۇلغا، _ پەرۋەردىگار سېنىڭ بېشىڭغا ياغ قۇيدۇرۇپ، سېنى ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى قىلدى. 18پەرۋەردىگار ساڭا: «بېرىپ، ئاشۇ گۇناھكار ئامالەكلەرنى تەلتۆكۈس قەتل قىلىۋەت، ھەممىسىنى يوقاتقۇچە ئۇلار بىلەن جەڭ قىل» دەپ ئەمر بېرىپ، سېنى يولغا سالغانىدى. 19سەن نېمە ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا ئىتائەت قىلماي، جەڭ ئولجىلىرىنى ئېلىشقا ئالدىراپ، پەرۋەردىگار يامان دەپ قارىغان ئىشلارنى قىلدىڭ؟

20_ مەن ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارغا ئىتائەت قىلدىم، _ دېدى سائۇل سامۇئىلغا، _ پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن يولىدا ماڭدىم، ئامالەكلەرنىڭ پادىشاھى ئاگاگنى تۇتۇپ، ئامالەكلەرنى تەلتۆكۈس يوقاتتىم. 21ئادەملىرىم بولسا: «گىلگالدا پەرۋەردىگار خۇدايىڭىزغا قۇربانلىق قىلايلى» دەپ، تەلتۆكۈس قىرىپ تاشلىنىشقا تېگىشلىك بولغان ئولجىلارنىڭ ئىچىدىن ئەڭ ياخشى قوي، كالىلارنى تاللاپ ئېلىشتى، خالاس.

22_ پەرۋەردىگار ھەرقانداق كۆيدۈرمە ۋە باشقا قۇربانلىقلاردىن كۆرە، ئۆزىگە ئىتائەت قىلىشنى ياخشى كۆرمەسمۇ؟ _ دېدى سامۇئىل، _ بىلگىنكى، ئىتائەت قىلىش، قۇربانلىق قىلىشتىن ياخشىدۇر، پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇش، قوچقار مېيىنى كۆيدۈرۈپ ھەدىيە قىلىشتىن ئەۋزەلدۇر.

23ئۆز بېشىمچىلىق قىلىشنىڭ گۇناھى، جادۇگەرلىك گۇناھىغا ئوخشاشلا ياماندۇر. جاھىللىقنىڭ گۇناھى بولسا، بۇتقا چوقۇنۇشنىڭ گۇناھىغا ئوخشاشلا ئېغىردۇر. سەن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىنى تاشلىۋەتكەنلىكىڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگارمۇ سېنى پادىشاھلىقتىن ئېلىپ تاشلىۋەتتى.

24_ مەن گۇناھ ئۆتكۈزدۈم! _ دېدى سائۇل سامۇئىلغا، _ مەن خەلقتىن قورقۇپ، ئۇلارنىڭ گېپىگە كىرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقىغا ۋە سىزنىڭ گېپىڭىزگە خىلاپلىق قىلىپتىمەن. 25ئەمدى سىزدىن تىلەيكى، گۇناھىمدىن كېچىپ، مەن بىلەن بىللە قايتسىڭىز، شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلاي.

26_ مەن سەن بىلەن بىللە قايتمايمەن، _ دېدى سامۇئىل سائۇلغا، _ سەن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىنى تاشلىۋەتكەنلىكىڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگارمۇ سېنى پادىشاھلىقتىن ئېلىپ تاشلىۋەتتى.

27سامۇئىل ئارقىغا بۇرۇلۇپ ماڭماقچى بولۇۋىدى، سائۇل ئۇنىڭ تونىنىڭ پېشىگە ئېسىلىپ، ئۇنى تارتىپ يىرتىۋەتتى.

28_ پەرۋەردىگار بۈگۈن ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىنى سېنىڭ قولۇڭدىن تارتىۋېلىپ، ئۇنى سەندىن ياخشىراق بىرسىگە بەردى، _ دېدى سامۇئىل سائۇلغا، 29_ ئىسرائىللارنىڭ مەڭگۈلۈك خۇداسى يالغان سۆزلىمەيدۇ، ئىرادىسىدىن يانمايدۇ. ئۇ ئىنسان ئەمەس، ھەرگىز ئىرادىسىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.

30_ مەن گۇناھكارمەن، شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ خەلقىمنىڭ ئاقساقاللىرى ۋە ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا يۈزۈمنى قىلىپ مەن بىلەن بىللە قايتىڭ، شۇنىڭ بىلەن مەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭىزغا ئىبادەت قىلاي، _ دېدى سائۇل. 31شۇنىڭدىن كېيىن سامۇئىل سائۇل بىلەن بىللە قايتتى، سائۇل پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلدى.

سامۇئىلنىڭ ئامالەكلەرنىڭ پادىشاھىنى قەتل قىلىشى

32سامۇئىل ئامالەكلەرنىڭ پادىشاھى ئاگاگنى ئۆزىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشنى ئېيتتى. ئاگاگ ئۆزىچە: «ئەمدى ئۆلۈم خەۋپى ئۆتۈپ كەتتى» دەپ ئويلىدى ۋە خاتىرجەم ھالدا سامۇئىلنىڭ ئالدىغا كەلدى.

33_ سەن شەمشىرىڭ بىلەن ئانىلارنى بالىلىرىدىن ئايرىغانىدىڭ، خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش سېنىڭ ئاناڭمۇ ئۆز ئوغلىدىن ئايرىلسۇن، _ دېدى سامۇئىل ۋە گىلگالدا پەرۋەردىگار ئالدىدا ئاگاگنى شەمشەر بىلەن چېپىپ تاشلىدى.

34شۇنىڭدىن كېيىن سامۇئىل راماھقا قايتتى، سائۇلمۇ گىبئاھقا _ ئۆز ئۆيىگە قايتىپ كەتتى. 35سامۇئىل تاكى ئالەمدىن ئۆتكۈچە سائۇلنى قايتا كۆرمىدى، لېكىن ئۇنىڭ ئۈچۈن قايغۇرۇپ يۈردى. پەرۋەردىگار سائۇلنى ئىسرائىللارغا پادىشاھ قىلغىنىغا پۇشايمان قىلغانىدى.



*15:3 بۇ يەردىكى ئىبرانىيچە سۆز ‹ئادەم ۋە نەرسىلەرنى تەلتۆكۈس يوقىتىش ئارقىلىق، ئۇلارنى پەرۋەردىگارغا ئاتاش› دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.



 

16

خۇدانىڭ داۋۇتنى پادىشاھلىققا تاللىشى

1پەرۋەردىگار سامۇئىلغا مۇنداق دېدى:

_ مەن سائۇلنىڭ ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇشىنى رەت قىلغان تۇرسام، سەن قاچانغىچە قايغۇرىسەن؟ سەن مۈڭگۈزگە زەيتۇن يېغى تولدۇرۇپ بەيتلەھەملىك يىشاينىڭكىگە بار، مەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرىنى ئۆزۈمگە پادىشاھ قىلىپ تاللىدىم.

2_ مەن قانداق بارىمەن؟ سائۇل ئاڭلاپ قالسا، مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ، _ دېدى سامۇئىل.

_ سەن بىر چىشى موزاينى ئالغاچ بار ۋە: «مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلغىلى كەلدىم» دېگىن. 3يىشاينى قۇربانلىق گۆشىنى يېيىشكە تەكلىپ قىل، شۇ چاغدا مەن ساڭا نېمە قىلىشىڭنى دەپ بېرىمەن. سەن مەن ساڭا ئۆزۈم كۆرسىتىدىغان ئادەمنىڭ بېشىغا ياغ قۇي، _ دېدى پەرۋەردىگار.

4سامۇئىل پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنى بويىچە قىلدى. ئۇ بەيتلەھەمگە يېتىپ كەلگەندە، يۇرت ئاقساقاللىرى قورقۇنچ بىلەن ئۇنى قارشى ئېلىپ:

_ ئامانلىق بولسۇن دەپ كەلدىلىمۇ؟ _ دەپ سورىدى. 5ئۇ ئاقساقاللارغا:

_ ئامانلىق بولسۇن دەپ كەلدىم، پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق قىلغىلى كەلدىم. ئۆزۈڭلارنى پاكلاپ، مەن بىلەن بىللە قۇربانلىق گۆشى يېيىشكە كېلىڭلار، _ دېدى.

سامۇئىل يىشاي بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى پاكلىغاندىن كېيىن، ئۇلارنى قۇربانلىق گۆشى يېيىشكە تەكلىپ قىلدى.

6ئۇلار كەلگەن چاغدا سامۇئىلنىڭ كۆزى ئەلىئابقا چۈشۈپ، ئىچىدە: «پەرۋەردىگارنىڭ تاللىغىنى مۇشۇ بولسا كېرەك» دەپ ئويلىدى. 7لېكىن پەرۋەردىگار سامۇئىلغا: «ئۇنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى بىلەن ئېگىز بەستىگىلا قارىما، مەن ئۇنى رەت قىلدىم. پەرۋەردىگار بەندىلەرگە ئوخشاش تاشقى كۆرۈنۈشكە قارىمايدۇ، قەلبكە قارايدۇ» دېدى.

8يىشاي ئۆزىنىڭ ئوغلى ئابىنادابنى سامۇئىلنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈزگەنىدى. سامۇئىل:

_ پەرۋەردىگار ئۇنى تاللىمىدى، _ دېدى.

9يىشاي شامماھنى سامۇئىلنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈزۈۋىدى، سامۇئىل:

_ پەرۋەردىگار ئۇنىمۇ تاللىمىدى، _ دېدى.

10يىشاي ئۇ يەردىكى يەتتە ئوغلىنىڭ ھەممىسىنى سامۇئىلنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈزۈۋىدى، سامۇئىل:

_ پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنى تاللىماپتۇ، _ دېدى ۋە 11_ ئوغۇللىرىڭىزنىڭ ھەممىسى مۇشۇمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

_ كەنجىممۇ بار، ئۇ ھازىر قوي بېقىۋاتىدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى يىشاي.

_ چاقىرىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتىڭ، _ دېدى سامۇئىل يىشايغا، _ ئۇ كەلمىگۈچە، داستىخانغا ئولتۇرمايمىز. 12يىشاي ئادەم ئەۋەتىپ داۋۇتنى چاقىرىپ كەلدى. داۋۇت كۆزلىرى يېنىپ تۇرىدىغان، ئىككى مەڭزى قىزىل، كېلىشكەن بىر يىگىت ئىدى. پەرۋەردىگار: «دەل مۇشۇ، بېرىپ ئۇنىڭ بېشىغا ياغ قۇي!» دېدى. 13سامۇئىل مۈڭگۈزدىكى زەيتۇن يېغىنى ئېلىپ، ئاكىلىرى ئالدىدا ئۇنىڭ بېشىغا قۇيدى. شۇ كۈندىن تارتىپ پەرۋەردىگارنىڭ روھى داۋۇتقا كۈچلۈك چۈشۈشكە باشلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن سامۇئىل راماھقا قايتىپ كەتتى.

داۋۇتنىڭ سائۇل پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە بولۇشى

14پەرۋەردىگارنىڭ روھى سائۇلدىن ئايرىلدى. پەرۋەردىگار تەرەپتىن ئەۋەتىلگەن بىر يامان روھ ئۇنى قاتتىق ۋەھىمىگە سېلىشقا باشلىدى. 15سائۇلنىڭ ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭغا:

_ ھازىر پەرۋەردىگار تەرەپتىن ئەۋەتىلگەن بىر يامان روھنىڭ ئۆزلىرىنى قاتتىق قورقۇنچقا سېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. 16خوجام، بىزگە لىرانى ياخشى چالىدىغان بىر ئادەم تېپىپ كېلىشكە بۇيرۇق قىلغايلا، پەرۋەردىگار تەرەپتىن يامان روھ كېلىپ ئۆزلىرىنى تۇتۇپ قالغاندا ئۇ ئادەم لىرا چالسا، ئۆزلىرى ياخشى بولۇپ قالىلا، _ دېگەنىدى. 17سائۇل ئەمەلدارلىرىغا:

_ مەن ئۈچۈن ئۇستا بىر لىراچىنى تېپىپ يېنىمغا ئەكېلىڭلار، _ دېدى.

18_ مەن بەيتلەھەملىك يىشاينىڭ بىر ئوغلىنى كۆرگەن، ئۇ لىرا چېلىشقا ئۇستا ئىكەن. ئۇ باتۇر، جەڭدە جەسۇر، دانالىق بىلەن سۆزلەيدىغان، تولىمۇ كېلىشكەن يىگىت ئىكەن، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا ياردۇر، _ دېدى بىر غۇلام.

19سائۇل بۇنى ئاڭلاپ يىشايغا چاپارمەنلەرنى ئەۋەتىپ: «قوي باقىدىغان داۋۇت دېگەن ئوغلۇڭنى مېنىڭ يېنىمغا ئەۋەتىۋەت» دېدى. 20يىشاي ئوغلى داۋۇت بىلەن بىرگە بىر ئوغلاقنى، نان ئارتىلغان بىر ئېشەكنى ۋە بىر تۇلۇم شارابنى قوشۇپ سائۇلغا ئەۋەتتى. 21داۋۇت سائۇلنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ، ئۇنىڭ خىزمىتىگە كىرىشتى. داۋۇتقا سائۇلنىڭ قاتتىق مېھرى چۈشۈپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى ئۆزىنىڭ قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسى قىلىۋالدى. 22ئاندىن سائۇل يىشايغا: «داۋۇت ماڭا ياراپ قالدى. يېنىمدا قېلىپ خىزمىتىمنى قىلسۇن» دەپ خەۋەر ئەۋەتتى. 23شۇ كۈندىن باشلاپ پەرۋەردىگار تەرەپتىن كەلگەن يامان روھ سائۇلنى تۇتقاندا، داۋۇت لىرانى قولىغا ئېلىپ چالاتتى، شۇنىڭ بىلەن سائۇل ئارام تېپىپ، ياخشى بولۇپ قالاتتى، يامان روھمۇ ئۇنىڭدىن چىقىپ كېتەتتى.


p class=”zhenzhu”>17

گولياتنىڭ ئىسرائىللارنى ھاقارەتلىشى

1فىلىستىيەلىكلەر جەڭ قىلىش ئۈچۈن قوشۇنلىرىنى يىغىپ، يەھۇدا زېمىنىغا تەۋە سوكوھ دېگەن شەھەردە جەم بولدى. ئۇلار سوكوھ ۋە ئازېقا شەھەرلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئەفەس-داممىم دېگەن يەردە بارگاھ قۇردى. 2سائۇل بىلەن ئىسرائىلىيە لەشكەرلىرىمۇ بىرلىشىپ، ئېلاھ جىلغىسىدا بارگاھ قۇرۇپ، قوشۇنلىرىنى تىزىپ، فىلىستىيەلىكلەر بىلەن جەڭ قىلىشقا تەييارلاندى. 3فىلىستىيەلىكلەر بۇ تەرەپتىكى تاغدا، ئىسرائىللار بولسا ئۇ تەرەپتىكى تاغدا تۇرۇشتى، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر جىلغا بار ئىدى.

4فىلىستىيەلىكلەر تەرەپتىن گوليات دېگەن بىر كۈچتۈڭگۈر ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇ گات شەھىرىدىن بولۇپ، بويىنىڭ ئېگىزلىكى ئۈچ مېتىرغا يېقىن ئىدى. 5بېشىغا تۇچ دۇبۇلغا، ئۇچىسىغا زەنجىر ساۋۇت كىيىپ قوراللانغان بولۇپ، زەنجىر ساۋۇتنىڭ ئېغىرلىقى ئاتمىش كىلوغا يېقىن كېلەتتى. 6پاچىقىغا تۇچتىن يۆگەك باغلاپ، ئۆشنىسىگە بىر تۇچ نەيزە ئېسىۋالغانىدى. 7قولىدىكى نەيزىسىنىڭ دەستىسى رەخت توقۇيدىغان دەستىگاھنىڭ ئوقىدەك توم ئىدى، تۆمۈر ئۇچىنىڭ ئېغىرلىقى بولسا تەخمىنەن يەتتە كىلو كېلەتتى. گولياتنىڭ ئالدىدا بىر لەشكەر ئۇنىڭ چوڭ قالقىنىنى كۆتۈرۈپ ماڭاتتى.

8گوليات ئىسرائىللارغا قاراپ تۇرۇپ، مۇنداق دەپ توۋلىدى:

_ سىلەر سەپ تۈزۈپ نېمە قىلماقچىسىلەر؟ مانا مەن فىلىستىيەلىكقۇ؟ سىلەر پەقەتلا سائۇلنىڭ قۇللىرى ئەمەسمۇ؟ قېنى، ئىچىڭلاردىن بىرەيلەننى تاللاپ، مېنىڭ يېنىمغا كەلتۈرۈڭلار. 9ئەگەر ئۇ مەن بىلەن ئېلىشىپ مېنى ئۆلتۈرۈۋېتەلىسە، بىز سىلەرگە قۇل بولايلى؛ ئەگەر ئۇنى مەن يېڭىپ ئۆلتۈرۈۋېتەلىسەم، سىلەر بىزگە قۇل بولۇپ، خىزمىتىمىزنى قىلىڭلار. 10ئۇ فىلىستىيەلىك سۆزىنى يەنە داۋاملاشتۇردى:

_ مەن بۈگۈن ئىسرائىلىيە قوشۇنىنى شەرمەندە قىلىمەن. قېنى، مەن بىلەن ئېلىشقىلى بىر ئادەم چىقىرىڭلار!

11سائۇل ۋە پۈتۈن ئىسرائىللار بۇ فىلىستىيەلىكنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ، ئالاقزادە بولۇپ، قورقۇشۇپ كەتتى.

يىشاينىڭ داۋۇتنى سائۇلنىڭ بارگاھىغا ئەۋەتىشى

12داۋۇت يەھۇدا زېمىنىنىڭ بەيتلەھەم شەھىرىدىكى ئەفراتا جەمەتىدىن بولغان يىشاي دېگەن ئادەمنىڭ بالىسى بولۇپ، يىشاينىڭ سەككىز ئوغلى بار ئىدى. سائۇل ھۆكۈم سۈرگەن دەۋردە يىشاي ياشىنىپ قالغان بولۇپ، كۆپچىلىك ئۇنى ھۆرمەتلەيتتى. 13يىشاينىڭ ئۈچ چوڭ ئوغلى سائۇل بىلەن جەڭگە چىققانىدى. جەڭگە چىققان تۇنجى ئوغلىنىڭ ئېتى ئەلىئاب، ئىككىنچىسىنىڭ ئېتى ئابىناداب، ئۈچىنچىسىنىڭ بولسا شامماھ ئىدى. 14داۋۇت ئوغۇللارنىڭ ئەڭ كىچىكى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈچ چوڭ ئاكىسى سائۇل بىلەن بىللە جەڭگە چىققانىدى. 15داۋۇت بەزىدە سائۇلدىن ئايرىلىپ بەيتلەھەمگە قايتىپ، ئاتىسىنىڭ قويلىرىنى بېقىپ كېلەتتى. 16ھېلىقى فىلىستىيەلىك گوليات قىرىق كۈنگىچە ئەتىگىنى ۋە ئاخشىمى چىقىپ، ئۇرۇشۇشقا دەۋەت قىلىپ تۇردى.

17بىر كۈنى يىشاي ئوغلى داۋۇتقا:

_ ئوغلۇم، سەن ماۋۇ بىر خالتا قوماچ بىلەن ئون ناننى يۈگۈرۈپ بېرىپ بارگاھقا، ئاكىلىرىڭغا ئاپىرىپ بەرگىن. 18يەنە مۇنۇ ئون بولاق ئىرىمچىكنى ئۇلارنىڭ قوماندانىغا بەر ھەم ئاكىلىرىڭنىڭ ھال-ئەھۋالىنى ئۇقۇپ، ئۇلاردىن بىرەر نىشانە ئالغاچ كەل، _ دېدى.

19داۋۇتنىڭ ئۈچ ئاكىسى سائۇل پادىشاھ ۋە باشقا ئىسرائىللار بىلەن بىرلىكتە ئېلاھ جىلغىسىدا فىلىستىيەلىكلەرگە قارشى جەڭ قىلىۋاتاتتى.

20داۋۇت ئەتىسى سەھەر تۇرۇپ، قويلىرىنى باشقا بىر پادىچىغا تاپشۇرۇپ قويۇپ، ئاتىسى يىشاينىڭ سۆزى بويىچە يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ يولغا چىقتى. ئۇ بارگاھقا كەلگەندە ئىسرائىللار قوشۇنى جەڭگە چىقىۋاتقان بولۇپ، ھەممەيلەن چۇقان كۆتۈرۈۋاتاتتى. 21ئىسرائىللار بىلەن فىلىستىيەلىكلەر جەڭ قىلىش ئۈچۈن يۈزمۇيۈز سەپ تۈزۈپ تۇرۇشتى. 22داۋۇت نەرسىلىرىنى تەمىنات باشقۇرغۇچىغا تاپشۇرۇپ، ئۆزى قوشۇننىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ ئاكىلىرىغا سالام قىلدى. 23ئۇ ئۇلار بىلەن سۆزلىشىپ تۇرغاندا، گاتلىق كۈچتۈڭگۈر گوليات فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قوشۇنىدىن چىقىپ، ئاۋۋالقى سۆزلىرىنى تەكرار توۋلىدى. داۋۇت ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇردى. 24ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى گولياتنى كۆرۈش بىلەنلا ناھايىتى قورقۇپ قېچىشتى. 25ئىسرائىللار بىر-بىرىگە: «ئەنە، ئۇنى كۆردۈڭلارمۇ؟ يەنە ئىسرائىللارنى ھاقارەتلەۋاتىدۇ. پادىشاھ ئۇنى ئۆلتۈرگەن ئادەمگە جىق بايلىق ئىنئام قىلىپ، ئۆز قىزىنىمۇ خوتۇنلۇققا بېرىدىكەن، ئۇ ئادەمنىڭ ئاتىسىنىڭ ئائىلىسىنى بولسا ھەر خىل باج-سېلىقتىن خالاس قىلىدىكەن» دېيىشىۋاتاتتى. 26داۋۇت يېنىدا تۇرغانلاردىن:

_ بۇ فىلىستىيەلىكنى ئۆلتۈرۈپ، ئىسرائىللارنى بۇ ھاقارەتتىن خالاس قىلغان كىشى نېمىگە ئېرىشىدىكەن؟ مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ قوشۇنىغا ھاقارەت قىلىدىغان بۇ خەتنىسىز فىلىستىيەلىك ئۆزىنى كىم دەپ ئويلايدىكەن؟ _ دەپ سورىدى. 27كىشىلەر ئۇنىڭغا، گولياتنى ئۆلتۈرگەن كىشىگە بېرىلىدىغان ئىنئاملارنى دەپ بەردى.

28داۋۇتنىڭ ئەڭ چوڭ ئاكىسى ئەلىئاب داۋۇتنىڭ كىشىلەر بىلەن قىلىشقان گېپىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ئاچچىقلاپ:

_ نېمىدەپ بۇ يەرگە كەلدىڭ؟ دالادىكى بار-يوقى بىرقانچە قويلارنى كىمگە تاپشۇردۇڭ؟ مەن سېنىڭ كىبىرلىكىڭنى ۋە كۆڭلۈڭدىكى يامان ئويۇڭنى بىلىمەن. سەن ئەمەلىيەتتە جەڭنى كۆرگىلى كەلدىڭ، _ دېدى.

29داۋۇت بولسا:

_ مەن نېمە قىلدىم، سوئال سوراشقا بولمامدۇ؟ _ دەپ جاۋاب قايتۇردى 30ۋە ئاكىسىنىڭ يېنىدىن كېتىپ، باشقا ئادەملەردىن شۇ سوئالنى تەكرار سورىدى، يەنىلا ئوخشاش جاۋابقا ئېرىشتى.

31داۋۇتنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىغانلار ئۇنىڭ دېگىنىنى سائۇلغا يەتكۈزگەنىدى، سائۇل داۋۇتنى قىچقىرىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتتى. 32داۋۇت سائۇلغا:

_ ئالىيلىرى، ھېچكىمنىڭ ئاشۇ فىلىستىيەلىكتىن قورقۇپ، ئالاقزادە بولۇشىنىڭ ھاجىتى يوق. پېقىر ئۇ فىلىستىيەلىك بىلەن ئېلىشىشقا چىقىمەن، _ دېدى.

33_ سەن قانداقمۇ ئۇ فىلىستىيەلىك بىلەن ئېلىشىشقا چىقالايسەن؟ سەن تېخى كىچىك تۇرساڭ، ئۇ بولسا ياش ۋاقتىدىن بېرى جەڭچى، _ دېدى سائۇل.

34_ ئالىيلىرى، پېقىر، ئاتامنىڭ قويلىرىنى بېقىپ كېلىۋاتىمەن، شىر ياكى ئېيىق كېلىپ قويلاردىن بىرەرسىنى ئېلىپ قاچسا، 35ئۇلارنى قوغلاپ بېرىپ ئۇرۇپ، ئېغىزلىرىدىن قويلارنى تارتىۋالىمەن. ئۇلار قوپۇپ ماڭا يانسا، يايلىرىدىن تۇتۇۋېلىپ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىمەن. 36پېقىر شىرنىمۇ ئۆلتۈرگەن، ئېيىقنىمۇ ئۆلتۈرگەن، مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ قوشۇنىغا ھاقارەت قىلىۋاتقان ئاۋۇ خەتنىسىز فىلىستىيەلىكنىڭ ئاقىۋىتى ئاشۇ شىر ۋە ئېيىقتەك بولسۇن، _ دېدى داۋۇت ۋە گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ، 37_ پەرۋەردىگار مېنى شىر ۋە ئېيىقنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزۇۋالغاندەك، ئاشۇ فىلىستىيەلىكنىڭ چاڭگىلىدىنمۇ قۇتقۇزۇۋالىدۇ، _ دېدى.

_ بوپتۇ ئەمىسە، بارغىن! پەرۋەردىگار ساڭا يار بولسۇن، _ دېدى سائۇل داۋۇتقا ۋە 38ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ جەڭ كىيىملىرىنى، يەنى ئۇچىسىغا زەنجىر ساۋۇتنى ۋە بېشىغا تۇچ دۇبۇلغىسىنى كىيدۈرۈپ قويدى. 39داۋۇت سائۇلنىڭ قىلىچىنى جەڭ كىيىملىرىنىڭ ئۈستىدىن ئاستى-دە، مېڭىپ باقماقچى بولدى، ئەمما بۇرۇن جەڭ كىيىملىرىنى كىيىپ باقمىغاچقا، تۈزۈك ماڭالمىدى، ئۇ سائۇلغا:

_ مەن بۇ كىيىملەرنى كىيىپ جەڭ قىلالمايمەن، چۈنكى مەن ئۇلارغا ئادەتلەنمىگەن، _ دېدى ۋە ئۇلارنى سېلىۋەتتى. 40ئۇ قولىغا تايىقىنى ئېلىپ، جىلغىدىن بەش سىلىق تاشنى تېرىۋالدى ۋە ئۇلارنى پادىچى خالتىسىغا سالدى. قولىغا بولسا سالغىسىنى ئېلىپ، ئۇ فىلىستىيەلىك تەرەپكە قاراپ ماڭدى.

داۋۇتنىڭ گوليات بىلەن ئۇرۇشۇشى

41ئۇ فىلىستىيەلىك گولياتمۇ داۋۇت تەرەپكە قاراپ يېقىنلىشىپ كەلدى، قالقان كۆتۈرگۈچىسى بولسا ئۇنىڭ ئالدىدا ماڭدى. 42داۋۇت ئىككى مەڭزى قىزىل، كېلىشكەن ياش بالا بولغاچقا، ئۇ فىلىستىيەلىك ئۇنىڭغا زەن سېلىپ قاراپ قويۇپ، مەنسىتمىدى. 43فىلىستىيەلىك داۋۇتقا:

_ سەن قولۇڭغا تاياق ئېلىپ، مېنىڭ يېنىمغا كېلىپسەن، مەن ئىتمىدىم؟ _ دېدى ۋە ئۆزىنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ ناملىرى بىلەن داۋۇتنى قارغىدى. 44ئۇ يەنە داۋۇتقا مۇنداق دېدى:

_ كېلىۋەر، مەن تېنىڭنى ھاۋادىكى قاغا-قۇزغۇنلارغا، دالادىكى ياۋايى ھايۋانلارغا بېرەي!

45_ سەن نەيزە-قىلىچ بىلەن ماڭا قارشى كەلدىڭ، _ دېدى داۋۇت ئۇ فىلىستىيەلىككە، _ لېكىن مەن بولسام سەن ھاقارەتلەپ تۇرغان ئىسرائىلىيە قوشۇنىنىڭ خۇداسى _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ساڭا قارشى كەلدىم. 46مانا بۈگۈن پەرۋەردىگار سېنى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇرىدۇ، سېنى ئۆلتۈرۈپ، كاللاڭنى تېنىڭدىن جۇدا قىلىمەن، شۇنداقلا فىلىستىيەلىك لەشكەرلەرنىڭ جەسەتلىرىنى ھاۋادىكى قاغا-قۇزغۇنلارغا ۋە يەر يۈزىدىكى ھايۋانلارغا بېرىمەن. شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ئالەمدىكىلەر ئىسرائىللارنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ بارلىقىنى بىلىپ قالىدۇ. 47يەنە بۇ يەرگە يىغىلغان ھەممەيلەن شۇنى بىلىدۇكى، پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى قۇتقۇزۇشتا قىلىچ بىلەن نەيزىگە تايانمايدۇ، ئۇ جەڭدە شۈبھىسىز غالىب كەلگۈچىدۇر، ئۇ سىلەرنى بىزنىڭ قولىمىزغا تاپشۇرىدۇ.

48گوليات داۋۇتقا ھۇجۇم قىلغىلى ئۇنىڭ ئالدىغا قاراپ توختىماي ماڭغاندا، داۋۇت ئۇ فىلىستىيەلىك بىلەن ئېلىشىش ئۈچۈن ئۇ تەرەپكە قاراپ ئىتتىك يۈگۈردى. 49داۋۇت خالتىسىدىن بىر تاشنى ئېلىپ سالغىسىغا سېلىپ بىر ئېتىۋىدى، ئۇ تاش فىلىستىيەلىكنىڭ دەل پېشانىسىگە تېگىپ، پېتىپ كىردى. فىلىستىيەلىك يەرگە دۈم چۈشتى. 50شۇنداق قىلىپ داۋۇت ئۇ فىلىستىيەلىكنى سالغا ۋە تاش بىلەن يەڭدى. ئۇ چاغدا داۋۇتنىڭ قولىدا قىلىچ يوق ئىدى. 51ئۇ يۈگۈرۈپ كېلىپ فىلىستىيەلىكنىڭ غىلىپىدىن قىلىچىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، ئۇنىڭ بېشىنى كېسىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئۇ فىلىستىيەلىكنى ئۆلتۈردى.

فىلىستىيەلىكلەر ئۆز پالۋىنىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرۈپ قاچتى. 52يەھۇدا قەبىلىسىدىن ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ باشقا قەبىلىلىرىدىن كەلگەن لەشكەرلەر قىيا-چىيا قىلىشىپ، فىلىستىيەلىكلەرنى گاتقىچە ۋە ئەقرون قوۋۇقىغىچە قوغلاپ باردى. ئۆلتۈرۈلگەن فىلىستىيەلىكلەرنىڭ جەسىتى شائارايىمغا بارىدىغان يولغىچە، ھەتتا گات ۋە ئەقرونغىچە يېتىپ كەتتى. 53ئىسرائىللار فىلىستىيەلىكلەرنى قوغلاپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ بارگاھىنى بۇلاپ-تالىدى. 54داۋۇت گولياتنىڭ بېشىنى يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى، ئۇنىڭ قورال-يارىغىنى بولسا ئۆز چېدىرىدا قالدۇردى.

سائۇلنىڭ داۋۇت بىلەن كۆرۈشۈشى

55سائۇل داۋۇتنىڭ ھېلىقى فىلىستىيەلىكنىڭ ئالدىغا ئېلىشىشقا چىققانلىقىنى كۆرۈشى ھامان، قوشۇننىڭ باش سەركەردىسى ئابنېردىن:

_ ھەي ئابنېر، بۇ يىگىت كىمنىڭ ئوغلى ئىكەن؟ _ دەپ سورىدى.

_ ئى پادىشاھى ئالەم، نامىڭىز بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن راستتىنلا بىلمەيدىكەنمەن، _ دېدى ئابنېر.

56_ سەن بېرىپ سوراپ باق، ئۇ يىگىت زادى كىمنىڭ ئوغلى ئىكەن، _ دېدى پادىشاھ.

57داۋۇت فىلىستىيەلىكنى ئۆلتۈرۈپ كەلگەندە، ئابنېر ئۇنى سائۇلنىڭ ھۇزۇرىغا باشلاپ كىردى، فىلىستىيەلىكنىڭ بېشى ئۇنىڭ قولىدا ئىدى.

58_ ھەي يىگىت! سەن كىمنىڭ ئوغلى بولىسەن؟ _ دەپ سورىدى سائۇل.

_ مەن بەيتلەھەملىك قۇللىرى يىشاينىڭ ئوغلى بولىمەن، _ دېدى داۋۇت.


18

يوناتاننىڭ داۋۇت بىلەن جانجىگەر دوست بولۇشى

1داۋۇت بىلەن سائۇلنىڭ سۆھبىتى ئەمدى ئاياغلىشىشى بىلەنلا، سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتاننىڭ كۆڭلى داۋۇتقا شۇنداق باغلاندىكى، ئۇنى ئۆز جېنىنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرۈپ قالدى. 2سائۇل شۇ كۈندىن باشلاپ داۋۇتنى ئۆز يېنىغا ئېلىپ قېلىپ، ئاتىسىنىڭ قېشىغا كەتكىلى قويمىدى. 3يوناتان داۋۇتنى ئۆز جېنىدەك ئەزىز كۆرگەچكە، ئۇنىڭ بىلەن دوستلىشىشقا ئەھدە قىلدى. 4يوناتان ئۈستىدىكى تونىنى سېلىپ داۋۇتقا بەردى، جەڭ كىيىمى، قىلىچى، ئوقيا ۋە كەمىرىنىمۇ بەردى.

5سائۇل داۋۇتنى نەگىلا ۋەزىپىگە ئەۋەتمىسۇن، ئۇ شۇ يەرگە بېرىپ، ۋەزىپىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا پۈتتۈرۈپ كېلەتتى. شۇڭا سائۇل ئۇنى لەشكەر بېشى قىلىپ قويدى، بۇنىڭدىن لەشكەرلەرنىڭ ھەممىسى ۋە سەركەردىلەر بىردەك مەمنۇن بولدى.

سائۇلنىڭ داۋۇتقا ھەسەت قىلىشى

6داۋۇت گولياتنى ئۆلتۈرۈپ كۆپچىلىك بىلەن بىللە قايتىپ كەلگەن چاغدا، ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن قىز-چوكانلار چىقىپ، شادلىقتا داپ-دۇمباق ۋە تارلىق سازلارنى چېلىپ، قوشاق ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، سائۇل پادىشاھنى قارشى ئېلىشتى. 7قىز-چوكانلار: «سائۇل قىردى مىڭلاپ-مىڭلاپ، داۋۇت قىردى تۈمەنلەپ-تۈمەنلەپ» دەپ ئۇسسۇل ئويناپ، قوشاقلار قاتقانىدى. 8سائۇل بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلەندى، چۈنكى بۇ قوشاق ئۇنىڭغا ياقمىغانىدى. شۇڭا:

_ ئۇلار تۈمەننى ئۆلتۈرۈشنىڭ شەرىپىنى داۋۇتقا، مىڭنى ئۆلتۈرۈشنىڭ شەرىپىنى ماڭا بەرگەن بولسا، ئەمدى ئۇنىڭغا بېرىلمىگىنى شۇ بىر پادىشاھلىقلا قاپتۇ-دە، _ دېدى.

9شۇ كۈندىن باشلاپ سائۇل داۋۇتقا ھەسەت بىلەن قارايدىغان بولۇپ قالدى. 10ئەتىسى پەرۋەردىگار تەرىپىدىن كەلگەن بىر يامان روھ سائۇلغا كۈچ-قۇدرەتتە چۈشۈپ، ئۇنى ئۆيىدە ھاياجاندا ۋارقىراپ، ئۇسسۇل ئوينايدىغان قىلىپ قويدى. داۋۇت بولسا ئادەتتىكىدەكلا ئۇنىڭغا لىرا چېلىپ بەردى. ئۇ چاغدا سائۇلنىڭ قولىدا نەيزە بار ئىدى. 11سائۇل: «نەيزە بىلەن داۋۇتنى تامغا مىخلاپلا قويايچۇ» دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭغا قارىتىپ نەيزە ئېتىۋىدى، داۋۇت ئىككى قېتىم ئۇنىڭدىن ئۆزىنى چەتكە ئالدى. 12پەرۋەردىگار سائۇلدىن ئايرىلىپ، داۋۇتقا يار بولغانلىقى ئۈچۈن، سائۇل داۋۇتتىن قورقاتتى. 13شۇڭا سائۇل داۋۇتنى ئۆزىنىڭ يېنىدىن يىراقلاشتۇرۇپ، لەشكەرلەرنىڭ سەركەردىسى قىلىپ قويدى، داۋۇت لەشكەرلەرگە باش بولۇپ جەڭگە باراتتى. 14پەرۋەردىگار داۋۇتقا يار بولغاچقا، ئۇ ھەرقانداق ئىشتا نەتىجىگە ئېرىشەتتى. 15سائۇل داۋۇتنىڭ ھەممە ئىشلاردا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن تېخىمۇ قورقىدىغان بولۇپ قالدى. 16لېكىن يەھۇدا قەبىلىسىدىن ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ باشقا قەبىلىلىرىدىن كەلگەنلەر داۋۇتقا ئامراق ئىدى، چۈنكى ئۇ جەڭلەردە ئالدىنقى سەپتىكى سەركەردە ئىدى.

داۋۇتنىڭ سائۇلنىڭ قىزىغا ئۆيلىنىشى

17سائۇل داۋۇتقا مۇنداق دېدى:

_ سەن مېنىڭ پالۋىنىم بولۇپ، پەرۋەردىگار ئۈچۈن جەڭ قىلساڭ، چوڭ قىزىم مېرابنى ساڭا خوتۇنلۇققا بېرىمەن. سائۇل ئىچىدە: «داۋۇت مېنىڭ قولۇم بىلەن ئەمەس، بەلكى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولى بىلەن ئۆلتۈرۈلسۇن» دەپ ئويلىغانىدى.

18_ مەن كىم ئىدىم؟ ئۇرۇق-جەمەتىم مېنىڭ پادىشاھىمىزغا كۈيۈ ئوغۇل بولۇشۇمغا قانداقمۇ ئەرزىيدۇ؟ _ دېدى داۋۇت.

19لېكىن سائۇلنىڭ قىزى مېراب داۋۇتقا ياتلىق قىلىنىدىغان چاغدا، سائۇل ئۇنى مىخولاھلىق ئادرائىلغا خوتۇنلۇققا بېرىۋەتتى. 20ۋاھالەنكى، سائۇلنىڭ ئىككىنچى قىزى مىكال داۋۇتقا ئاشىق ئىدى، بۇنىڭدىن سائۇل خەۋەر تېپىپ خۇشال بولۇپ كەتتى. 21سائۇل ئىچىدە: «مەن مىكالنى داۋۇتقا بەرسەم، قىزىم ئارقىلىق ئۇنى تۇزاققا چۈشۈرۈپ، فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىدا ئۆلتۈرگۈزىمەن» دەپ ئويلىدى-دە، داۋۇتقا ئىككىنچى قېتىم:

_ سەن ماڭا كۈيۈ ئوغۇل بول، _ دېدى.

22سائۇل ئەمەلدارلىرىغا:

_ «پادىشاھ سېنى ياخشى كۆرىدىكەن، پادىشاھنىڭ ئەمەلدارلىرىمۇ سېنى ياخشى كۆرىدۇ، شۇڭا سەن پادىشاھقا كۈيۈ ئوغۇل بول» دەپ، داۋۇتقا يوشۇرۇنچە ئېيتىڭلار، _ دېدى.

23سائۇلنىڭ ئەمەلدارلىرى داۋۇتنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاپ ئەنە شۇنداق دېگەنىدى، داۋۇت:

_ پادىشاھنىڭ كۈيۈ ئوغلى بولۇش سىلەرچە شۇنداق كىچىك ئىشمۇ؟ مەن بىر كەمبەغەل ۋە ئەرزىمەس ئادەم تۇرسام، _ دېدى.

24سائۇلنىڭ ئادەملىرى داۋۇتنىڭ سۆزىنى سائۇلغا يەتكۈزۈۋىدى، 25سائۇل ئادەملىرىگە:

_ سىلەر داۋۇتقا: «پادىشاھ دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئالماقچىكەن، شۇڭا تويلۇققا پەقەت يۈز فىلىستىيەلىكنىڭ خەتنە تېرىسىدىن باشقا ھېچ نەرسە تەلەپ قىلمايدىكەن» دەڭلار، _ دېدى.

سائۇلنىڭ غەرىزى داۋۇتنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىدا ئۆلتۈرۈش ئىدى. 26-27سائۇلنىڭ ئادەملىرى بۇ گەپنى داۋۇتقا يەتكۈزگەنىدى، داۋۇت پادىشاھنىڭ كۈيۈ ئوغلى بولىدىغانلىقىدىن خۇشال بولدى. داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى قەرەلى توشماستىنلا يولغا چىقىپ ئىككى يۈز فىلىستىيەلىكنى ئۆلتۈردى، داۋۇت كۈيۈ ئوغۇل بولۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ خەتنە تېرىلىرىنى ئېلىپ، سانى بىلەن سائۇلغا تاپشۇرۇپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن سائۇل قىزى مىكالنى داۋۇتقا خوتۇنلۇققا بەردى. 28سائۇل پەرۋەردىگارنىڭ داۋۇتقا يار بولغانلىقىنى ھەم قىزى مىكالنىڭمۇ داۋۇتقا ئامراق ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىپ، 29داۋۇتتىن تېخىمۇ قورقۇپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇنىڭغا دۈشمەن بولۇپ ئۆتتى. 30فىلىستىيەلىك قوشۇنلار قاچانلا ھۇجۇم قىلمىسۇن، ئۇلارغا قارشى تۇرۇشتا داۋۇت سائۇلنىڭ باشقا سەركەردىلىرىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ چىقاتتى. ئۇنىڭ نامى كۈندىن-كۈنگە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولدى.


19

سائۇلنىڭ داۋۇتنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇشى

1سائۇل ئۆز ئوغلى يوناتان ۋە ھەممە ئەمەلدارلىرىغا داۋۇتنى ئۆلتۈرۈشنى تاپىلىدى. لېكىن سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتان داۋۇتقا قەۋەتلا ئامراق ئىدى. 2يوناتان داۋۇتقا:

_ ئاتام سائۇل سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ، ئەتە ئەتىگەندە پەخەس بولغىن، دالاغا بېرىپ مەخپىي بىر يەرگە يوشۇرۇنۇۋالغىن. 3مەن دالادىكى سەن يوشۇرۇنۇۋالغان يەرگە بېرىپ ئاتامنىڭ يېنىدا ئۇنىڭ بىلەن سەن توغرۇلۇق پاراڭلىشىپ تۇرىمەن، مەن ئەھۋالنىڭ قانداقلىقىغا قاراپ ساڭا خەۋەر بېرىمەن، _ دېدى.

4يوناتان ئاتىسى سائۇلغا داۋۇتنى ماختاپ:

_ شاھ ئاتا، ئۆز خىزمەتكارىڭىز داۋۇتقا يامانلىق قىلمىسىڭىز، ئۇ سىزگە يامانلىق قىلمىغان، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ قىلغان ھەربىر ئىشى سىزگە كۆپ پايدا ئېلىپ كەلدى. 5ئۇ جېنىنى تىكىپ قويۇپ ھېلىقى فىلىستىيەلىكنى ئۆلتۈردى، پەرۋەردىگار شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللارنى غەلىبە-نۇسرەتكە ئېرىشتۈردى. شۇ چاغدا سىز بۇلارنى كۆرۈپ خۇشال بولغانىدىڭىز. ئەمدى نېمىشقا بىكاردىن-بىكار بىگۇناھ داۋۇتنىڭ قېنىنى تۆكۈپ، ئۆزىڭىزنى گۇناھكار قىلماقچى بولىسىز؟ _ دېدى.

6سائۇل يوناتاننىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قەسەم قىلىپ:

_ مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، داۋۇت ئۆلتۈرۈلمەيدۇ، _ دېدى.

7شۇنىڭدىن كېيىن يوناتان داۋۇتنى چاقىرىپ كېلىپ بۇنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ بەردى، شۇنداقلا ئۇنى سائۇلنىڭ ئالدىغا باشلاپ باردى. داۋۇت ئاۋۋالقىدەكلا سائۇلنىڭ خىزمىتىدە بولدى.

8ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە ئۇرۇش بولدى. داۋۇت قوشۇن باشلاپ چىقىپ، فىلىستىيەلىكلەر بىلەن جەڭ قىلىپ، ئۇلارنى قاتتىق مەغلۇپ قىلدى. ئاخىرىدا فىلىستىيەلىكلەر قېچىپ كېتىشتى. 9بىر كۈنى سائۇل ئۆيىدە قولىغا نەيزە ئېلىپ ئولتۇراتتى، پەرۋەردىگار تەرىپىدىن كەلگەن بىر يامان روھ ئۇنىڭغا يېپىشتى. داۋۇت ئۇنىڭغا لىرا چېلىپ بېرىۋاتقاندا، 10سائۇل داۋۇتقا نەيزە سانجىپ تامغا مىخلاپ قويماقچى بولۇۋىدى، داۋۇت ئۆزىنى چەتكە ئالدى، سائۇلنىڭ نەيزىسى بولسا تامغا كىرىپ كەتتى. داۋۇت شۇ كۈنى كېچىدە ئۆيىگە قېچىپ كەتتى.

مىكالنىڭ داۋۇتنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇشى

11سائۇل داۋۇتنى تاڭ ئاتقۇچە كۆزىتىپ تۇرۇپ، تاڭ ئېتىشى بىلەنلا ئۆلتۈرۈۋېتىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۆيىگە بىرنەچچە ئادەم ئەۋەتتى. ئايالى مىكال داۋۇتقا:

_ بۈگۈن كېچە جېنىڭىزنى ئېلىپ قاچمىسىڭىز، ئەتە ئۆلتۈرۈلىسىز، _ دېدى.

12شۇنداق قىلىپ ئايالى داۋۇتنى دېرىزىدىن چۈشۈرۈپ قاچۇرۇۋەتتى، داۋۇت قېچىپ قۇتۇلدى. 13مىكال بىر بۇتنى كارىۋاتقا ياتقۇزۇپ، بېشىغا ئۆچكە يۇڭىدا توقۇلغان ياستۇقنى قويۇپ، ئۈستىگە كىيىملەرنى يېپىپ قويدى. 14داۋۇتنى تۇتۇپ كېلىشكە سائۇل تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئادەملەر كەلگەندە، مىكال ئۇلارغا: «ئۇ ئاغرىپ قالدى» دېدى. 15لېكىن سائۇل ئادەملىرىنى داۋۇتنى كۆزىتىپ تۇرۇشقا يەنە ئەۋەتتى ۋە ئۇلارغا:

_ ئۇنى ئۆلتۈرۈشۈم ئۈچۈن، ياتقان كارىۋىتى بىلەنلا كۆتۈرۈپ كېلىڭلار! _ دېدى.

16سائۇل ئەۋەتكەن ئادەملەر ئۆيگە كىرىپ، كارىۋاتتا ياتقان بۇتنى ۋە بۇتنىڭ بېشىغا قويۇلغان ئۆچكە يۇڭىدا توقۇلغان ياستۇقنى كۆردى. 17شۇنىڭ بىلەن سائۇل مىكالغا:

_ سەن نېمىشقا مېنى ئالداپ دۈشمىنىمنى قاچۇرۇۋېتىسەن؟ _ دېدى.

مىكال:

_ ئۇ ماڭا: «قېچىشىمغا ياردەم قىل، بولمىسا سېنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن» دېدى، _ دەپ جاۋاب بەردى.

18داۋۇت قېچىپ قۇتۇلغاندىن كېيىن، راماھقا كېلىپ سامۇئىل بىلەن كۆرۈشۈپ، سائۇلنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى سۆزلەپ بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن سامۇئىل بىلەن بىرگە نايوتقا بېرىپ، ئۇ يەردە تۇردى. 19سائۇل داۋۇتنىڭ راماھتىكى نايوتتا تۇرۇۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. 20شۇنىڭ بىلەن سائۇل داۋۇتنى تۇتۇپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتتى. ئۇلار ئۇ يەرگە يېتىپ بارغاندا، سامۇئىلنىڭ يېتەكچىلىكىدە ھاياجاندا ۋارقىراپ، ئۇسسۇل ئويناۋاتقان بىر توپ پەيغەمبەرلەرنى كۆردى. شۇ چاغدا خۇدانىڭ روھى سائۇلنىڭ ئادەملىرىگىمۇ چۈشتى ۋە ئۇلارمۇ ھاياجاندا ۋارقىراپ، ئۇسسۇل ئويناپ كەتتى. 21سائۇل بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ يەنە ئادەم ئەۋەتتى. ئۇلارمۇ ھاياجاندا ۋارقىراپ، ئۇسسۇل ئويناپ كەتتى. سائۇل ئۈچىنچى قېتىم ئادەم ئەۋەتكەندە، ئۇلار ھەم شۇنداق قىلىشتى. 22ئاندىن كېيىن سائۇلنىڭ ئۆزى راماھقا قاراپ يول ئېلىپ، سېكۇدىكى چوڭ قۇدۇقنىڭ بېشىغا يېتىپ كەلدى. ئۇ كىشىلەردىن:

_ سامۇئىل بىلەن داۋۇت نەدە، _ دەپ سورىۋىدى، بىرەيلەن:

_ راماھتىكى نايوتتا، _ دەپ جاۋاب بەردى.

23شۇنىڭ بىلەن سائۇل راماھتىكى نايوتقا قاراپ ماڭدى. پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇنىڭغىمۇ چۈشتى، ئۇ تاكى راماھتىكى نايوتقىچە ھاياجاندا ۋارقىراپ، ئۇسسۇل ئويناپ باردى. 24ئۇمۇ كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ، بىر كېچە-كۈندۈز سامۇئىلنىڭ ئالدىدا ھاياجاندا ۋارقىراپ، ئۇسسۇل ئويناپ، يىقىلغان پېتى يالىڭاچ ياتتى. «سائۇلمۇ پەيغەمبەرلەردىنمىدۇ؟» دېگەن گەپ شۇنىڭدىن قالغان.


20

يوناتاننىڭ داۋۇتقا ياردەم بېرىشى

1داۋۇت راماھتىكى نايوتتىن قېچىپ چىقىپ، يوناتاننىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭغا:

_ مەن نېمە قىلىپتىمەن، نېمە گۇناھىم بار ئىكەن، ئاتاڭنىڭ ئالدىدا جېنىمنى ئالغۇدەك نېمە خاتالىق ئۆتكۈزۈپتىمەن؟ _ دېدى.

2_ خۇدا ساقلىسۇن، سەن ئۆلتۈرۈلمەيسەن. مەيلى چوڭ، مەيلى كىچىك ئىش بولسۇن، ئاتام ماڭا بىلدۈرمەي قىلمايدۇ. ئۇ بۇ ئىشنى مەندىن يوشۇرمايدۇ، سەن دېگەندەك بولمايدۇ، _ دېدى يوناتان.

3داۋۇت قەسەم قىلىپ:

_ ئاتاڭ سېنىڭ مېنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭنى ئوبدان بىلىدۇ. شۇڭا ئۇ ئىچىدە: «بۇنى يوناتانغا بىلدۈرمەي، بولمىسا ئۇ قايغۇرۇپ كېتىدۇ» دەپ، ئويلىغان گەپ. مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا سېنىڭ جېنىڭ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۆلۈمگە بىر قەدەملا يېقىنلىقتا تۇرىمەن، _ دېدى.

4يوناتان داۋۇتقا:

_ سەن نېمە قىل دېسەڭ، شۇنى قىلاي، _ دېگەنىدى، 5داۋۇت ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

_ ئەتە يېڭى ئاي بايرىمى، پادىشاھ بىلەن ھەمداستىخان بولۇشۇم كېرەك، لېكىن سەن مېنىڭ ئۆگۈن ئاخشامغىچە دالادا يوشۇرۇنۇپ تۇرۇشۇمغا رۇخسەت قىلغىن. 6مۇبادا ئاتاڭ مېنىڭ داستىخاندا يوقلۇقۇمنى بىلىپ سوراپ قالسا، سەن: «داۋۇت يالۋۇرۇپ ‹ماڭا ئۆز شەھىرىم بەيتلەھەمگە چاققان بېرىشىمغا ئىجازەت بەرگىن، چۈنكى ئۇ يەردە پۈتۈن ئۇرۇق-جەمەتىمىز بىلەن يىللىق قۇربانلىق ئۆتكۈزەتتۇق› دېگەنىدى» دەپ ئېيتقىن. 7ئەگەر ئۇ: «ئوبدان بوپتۇ!» دېسە، مەن تىنچ-ئامان قالىمەن؛ ئەگەر ئۇ قاتتىق خاپا بولسا، بىلگىنكى، ئۇ ماڭا زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتىگە قەتئىي كەلگەن بولىدۇ. 8پەرۋەردىگار ئالدىدا تۈزگەن دوستلىشىش ھەققىدىكى ئەھدىمىزنى ئېسىڭگە ئېلىپ، ماڭا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ تۇرغايسەن. لېكىن مەندە گۇناھ بولسا، مېنى ئاتاڭغا تۇتۇپ بېرىپ نېمە قىلاتتىڭ؟ ئۆزۈڭلا ئۆلتۈرۈۋەت.

9_ خۇدا ساقلىسۇن، _ دېدى يوناتان، _ ئەگەر مەن ئاتامنىڭ ساڭا زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتىگە كەلگەنلىكىنى بىلىپ قالسام، ساڭا ئېيتماسمەنمۇ؟

10_ ئەگەر ئاتاڭ ساڭا غەزەپتە جاۋاب بەرسە، كىم ماڭا خەۋەر بېرىدۇ؟ _ دېدى داۋۇت يوناتانغا.

11_ يۈرە، دالاغا چىقايلى، _ دېدى يوناتان داۋۇتقا ۋە ئىككىسى دالاغا چىقىپ كەتتى.

12_ پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ماڭا گۇۋاھ بولسۇنكى، ئەتە ياكى ئۆگۈنلۈككە ئالاھازەل مۇشۇ ۋاقىتتا ئاتامنىڭ نېمە نىيەتتە ئىكەنلىكىنى بىلىپ چىقىمەن. ئەگەر ئاتام ساڭا ياخشى نىيەتتە بولسا، مەن ساڭا خەۋەر بېرىمەن. 13ئەگەر ئۇ ساڭا زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتىدە بولۇپ، لېكىن مەن سېنى خەۋەردار قىلىپ، ئامان-ئېسەن قېچىشىڭغا ياردەم بەرمىسەم، پەرۋەردىگار مېنى قاتتىق جازالىسۇن! پەرۋەردىگار ئىلگىرى ئاتامغا يار بولغاندەك، ساڭىمۇ يار بولسۇن! 14پەرۋەردىگار ماڭا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكىنىدەك، سەنمۇ ھاياتىمنىڭ ئاخىرىغىچە ھەر دائىم ماڭا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكىن. ئەگەر مەن ئۆلۈپ كەتسەم، 15پەرۋەردىگار ھەتتا بارلىق ئەۋلادلىرىڭنى*يەر يۈزىدىن يوقاتقان تەقدىردىمۇ، سەن مېھىر-مۇھەببىتىڭنى ئەۋلادلىرىمدىن مەڭگۈگە ئۈزمىگىن، _ دېدى يوناتان داۋۇتقا ۋە 16داۋۇت بىلەن ئەھدە قىلدى.

يوناتان يەنە:

_ ئەگەر ئەۋلادلىرىڭ ئەھدىمىزگە ۋاپاسىزلىق قىلسا، پەرۋەردىگار ئۇلاردىن ھېساب ئالغاي، _ دېدى.

17يوناتان داۋۇتنى ئۆز جېنىدەك ياخشى كۆرگەچكە، ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان دوستلۇقىنى يەنە بىر قېتىم تەستىقلىتىش ئۈچۈن ئۇنى ۋەدە قىلدۇردى.

18يوناتان داۋۇتقا:

_ ئەتە يېڭى ئاي بايرىمى، داستىخاندىكى ئورنۇڭ بوش قالسا، سېنىڭ يوقلۇقۇڭ بىلىنىپ قالىدۇ. 19ئۆگۈنلۈككە سەن ئىلگىرى يوشۇرۇنغان يەرگە بېرىپ، تاش دۆۋىلىرىنىڭ ئارقىسىدا ساقلاپ تۇرغىن. 20مەن تاش دۆۋىلىرىنىڭ يېنىغا خۇددى قارىغا ئاتقاندەك ئۈچ پاي يا ئوقى ئاتىمەن. 21ئاندىن مەن خىزمەتچى بالىغا: «سەن بېرىپ يا ئوقلىرىنى تاپقىن» دەيمەن. ئەگەر مەن ئۇنىڭغا: «قارا! يا ئوقلىرى سېنىڭ بۇ تەرىپىڭدە، ئۇلارنى ئەكەل» دېسەم، سەن چىقساڭ بولىدۇ. مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، سەن ئامان قالىسەن، ساڭا خەۋپ-خەتەر كەلمەيدۇ؛ 22ئەگەر مەن خىزمەتچى بالىغا: «قارا! يا ئوقلىرى سېنىڭ ئۇ تەرىپىڭدە» دېسەم، سەن كەتكىن، چۈنكى ئۇ چاغدا پەرۋەردىگار سېنى يولغا سالغان بولىدۇ. 23بىر-بىرىمىزگە قىلغان ئەھدىمىزگە پەرۋەردىگار مەڭگۈ گۇۋاھ بولسۇن، _ دېدى.

24شۇنداق قىلىپ، داۋۇت دالاغا چىقىپ يوشۇرۇندى. يېڭى ئاي بايرىمىدا پادىشاھ غىزالانغىلى داستىخانغا ئولتۇردى 25ۋە ئادەت بويىچە تام يېنىدىكى ئورۇندىن جاي ئالدى. يوناتان پادىشاھنىڭ ئۇدۇلىدا، ئابنېر پادىشاھنىڭ يېنىدا ئولتۇردى، داۋۇتنىڭ ئورنى بولسا بوش قالدى. 26لېكىن شۇ كۈنى پادىشاھ ھېچنېمە دېمەي: «ئۇ بىر ئىش قىلىپ ناپاك بولۇپ قالغاندۇ… چوقۇم پاك ئەمەس» دەپ، خىيال سۈرۈپ ئولتۇردى. 27يېڭى ئاي بايرىمىنىڭ ئىككىنچى كۈنىمۇ داۋۇتنىڭ ئورنىنىڭ بوش تۇرغانلىقىنى كۆرگەن سائۇل يوناتاندىن:

_ يىشاينىڭ ئوغلىنىڭ تۈنۈگۈنمۇ، بۈگۈنمۇ غىزاغا كەلمەسلىكى نېمە سەۋەبتىن؟ _ دەپ سورىدى.

28يوناتان مۇنداق جاۋاب قايتۇردى:

_ داۋۇت «بەيتلەھەمگە بارسام» دەپ، مەندىن رۇخسەت سوراپ يالۋۇرغانىدى. 29ئۇ، «ماڭا ئىجازەت بەرگىن، چۈنكى ئۇ شەھەردە ئۇرۇق-جەمەتىمىز بىلەن قۇربانلىق قىلاتتۇق، ئاكام بېرىشىمنى بۇيرۇغانىدى. ئەگەر سەن مېنى ياخشى كۆرسەڭ، ئاكىلىرىم بىلەن كۆرۈشكىلى ئىجازەت بەرگىن» دەپ، ماڭا يېلىنغانىدى. شۇ سەۋەبتىن ئۇ پادىشاھىمىز بىلەن ھەمداستىخان بولالمىدى. 30بۇ چاغدا سائۇل يوناتانغا قاتتىق ئاچچىقلىنىپ:

_ ھەي بۇزۇق، ئاسىي خوتۇننىڭ بالىسى، مېنى سېنىڭ يىشاينىڭ ئوغلى بىلەن بىر تەرەپتە تۇرۇۋاتقانلىقىڭنى بىلمەيدۇ دېمە، سەن بۇ قىلىقىڭ بىلەن ئۆزۈڭنى ۋە سېنى تۇغقان ئاناڭنى شەرمەندە قىلىۋاتىسەن. 31يىشاينىڭ ئوغلى دۇنيادا ھاياتلا بولىدىكەن، نە ئۆزۈڭ، نە پادىشاھلىقىڭ مۇستەھكەم تۇرالمايدۇ. شۇڭا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى تۇتۇپ، مېنىڭ ئالدىمغا ئەكەل. ئۇ ئۆلۈشى كېرەك، _ دېدى.

32_ ئۇ نېمىشقا ئۆلۈشى كېرەك، ئۇ نېمە گۇناھ قىلدى؟ _ دېدى يوناتان ئاتىسى سائۇلغا.

33سائۇل بۇ گەپنى ئاڭلاپ، ئوغلى يوناتاننى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن نەيزىنى ئۇنىڭغا قارىتىپ ئاتتى. يوناتان ئاتىسىنىڭ داۋۇتنى قەتئىي ئۆلتۈرۈش نىيىتىدە ئىكەنلىكىنى بىلدى. 34يوناتان قاتتىق ئاچچىقلىنىپ، داستىخاندىن ئىرغىپ تۇرۇپ، كېتىپ قالدى، ھەم ئاتىسىنىڭ داۋۇتنى ھاقارەتلىگەنلىكىدىن كۆڭلى غەمكىن بولدى. ئۇ يېڭى ئاي بايرىمىنىڭ ئىككىنچى كۈنى بىر كۈن غىزا يېمىدى.

35يوناتان ئەتىسى ئەتىگەندە داۋۇت بىلەن پۈتۈشۈپ قويغان ۋاقىتتا بىر بالىنى ئەگەشتۈرۈپ دالاغا چىقتى.

36_ سەن يۈگۈر، مەن ئاتقان يا ئوقىنى تاپ، _ دېدى يوناتان بالىغا. بالا يۈگۈرۈپ كېتىۋىدى، يوناتان يا ئوقىنى بالا كېتىۋاتقان يەرنىڭ نېرىسىغا ئاتتى. 37بالا يوناتان يا ئوقىنى ئاتقان يەرگە بارغانىدى، يوناتان ئۇنىڭغا:

_ يا ئوقى سېنىڭ ئۇ تەرىپىڭدىغۇ؟ 38تېز يۈگۈر، توختاپ قالما! _ دەپ توۋلىدى. بالا يا ئوقلىرىنى يىغىپ خوجايىنىغا ئەكېلىپ بەردى. 39بالا ھېچ نەرسىدىن خەۋەرسىز ئىدى، ئېيتىلغان سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى پەقەتلا يوناتان بىلەن داۋۇت بىلەتتى. 40يوناتان ئۆزىنىڭ ئوقياسىنى بالىغا بېرىپ ئۇنىڭغا:

_ بۇلارنى شەھەرگە ئېلىپ كىرىپ كەتكىن، _ دېدى.

41بالا كەتكەندىن كېيىن داۋۇت تاش دۆۋىلىرىنىڭ ئارقىسىدىن چىقىپ، يەرگە باش قويۇپ، ئۈچ مەرتەم تەزىم قىلدى. ئىككىسى سۆيۈشۈپ يىغلاشتى، داۋۇت بولسا قاتتىق يىغلاپ كەتتى.

42_ پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ، «بىر-بىرىمىزگە قىلغان قەسىمىمىزگە تاكى ئەۋلادلىرىمىزغىچە پەرۋەردىگار مەڭگۈ گۇۋاھ بولسۇن» دېگەنىدۇق. ئەمدى سەن تىنچ-ئامان يولۇڭغا ماڭ! _ دېدى يوناتان داۋۇتقا.

شۇنىڭ بىلەن داۋۇت كەتتى، يوناتانمۇ شەھەرگە قايتتى.



*20:15 نۇرغۇن تەرجىمىلەردە «داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى» سىپايىلەشتۈرۈلۈپ «داۋۇتنىڭ دۈشمەنلىرى» دەپ ئېلىنغان.



 

21

داۋۇتنىڭ سائۇلدىن قېچىپ يۈرۈشى

1داۋۇت نوب دېگەن شەھەرگە كېلىپ، روھانىي ئاخىمەلەكنىڭ يېنىغا باردى، ئاخىمەلەك ئۇنى قورقۇنچ ئىچىدە كۈتۈۋالدى.

_ نېمىشقا يالغۇز كەلدىڭىز، ئادەملىرىڭىز يوقمۇ؟ _ دەپ سورىدى ئاخىمەلەك.

2_ پادىشاھ ماڭا بىر ئىشنى بۇيرۇپ: «مەن ساڭا بۇيرۇغان ئىشنى ھېچكىم بىلمىسۇن» دېگەنىدى. شۇڭا مەن ئۆز ئادەملىرىمگە ئۇلارنىڭ مېنى مەلۇم جايدا ساقلاپ تۇرۇشىنى تاپىلاپ قويۇپ كەلدىم. 3ئەمدى يېگۈدەك نېمىڭىز بار؟ بەش نان ياكى باشقا نېمىلا نەرسىڭىز بولسا بېرىڭا، _ دېدى داۋۇت روھانىي ئاخىمەلەككە.

4_ مەندە ئادەتتىكى نان يوق، پەقەت مۇقەددەس نانلا بار. سىز ئۇنىڭغا پەقەت ئادەملىرىڭىز يېقىندىن بېرى ئۆزلىرىنى ئايال زاتىدىن نېرى تۇتقان بولسىلا ئېرىشەلەيسىز، _ دەپ جاۋاب بەردى روھانىي.

5_ ئەلۋەتتە ئاياللارغا يېقىنلاشمىدۇق، _ دېدى داۋۇت، _ بىز ئادەتتىكى ۋەزىپىگە ئاتلانغاندا، ئادەملىرىم ئۆزلىرىنى پاك تۇتىدۇ. بۇ قېتىم ئالاھىدە ۋەزىپىگە چىققانلىقىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداقتۇر.

6شۇنىڭدىن كېيىن روھانىي باشقا نان بولمىغاچقا، داۋۇتقا مۇقەددەس نانلاردىن بەردى. بۇ نانلار پەرۋەردىگارغا بېغىشلانغان بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن، يېڭى نان كەلگەچكە ئۇ يەردىن ئېلىۋېتىلگەنىدى. 7شۇ كۈنى سائۇلنىڭ ئىدوملۇق باش پادىچىسى دوئېگمۇ ئۇ يەردە بولۇپ، ئۇ پاكلىنىش مەرىكىسى ئۈچۈن كەلگەنىدى. 8داۋۇت ئاخىمەلەكتىن:

_ سىزدە قىلىچ، نەيزە بارمۇ؟ _ دەپ سورىدى، _ پادىشاھنىڭ تاپشۇرۇقى جىددىي بولغاچقا، يېنىمغا يا قىلىچ، يا نەيزە ئېلىپ چىقمىغانىدىم.

9_ سىز ئېلاھ جىلغىسىدا ئۆلتۈرگەن فىلىستىيەلىك گولياتنىڭ قىلىچى بۇ يەردە، ئۇ روھانىيلىق تونىنىڭ كەينىدە ماتاغا يۆگەكلىك تۇرىدۇ، خالىسىڭىز شۇنى ئېلىڭ، ئۇنىڭدىن باشقا قورال-ياراغ يوق، _ دېدى روھانىي.

_ ئۇنىڭغا تەڭ كېلىدىغان قىلىچ يوق، شۇنى ماڭا بېرىڭ، _ دېدى داۋۇت.

داۋۇتنىڭ فىلىستىيەلىكلەرنىڭ شەھىرى گاتقا قېچىشى

10شۇ كۈنى داۋۇت سائۇلدىن قېچىپ، گاتنىڭ پادىشاھى ئاكىشنىڭ يېنىغا باردى.

11ئاكىشنىڭ ئەمەلدارلىرى ئاكىشقا:

_ بۇ ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھى داۋۇتقۇ؟ ئىسرائىلىيەدىكى ئاياللار: «سائۇل قىردى مىڭلاپ-مىڭلاپ، داۋۇت قىردى تۈمەنلەپ-تۈمەنلەپ» دەپ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناشمىغانمىدى؟! _ دېدى.

12داۋۇت بۇ سۆزلەرنى دىققەت قىلىپ ئاڭلىدى ۋە گاتنىڭ پادىشاھى ئاكىشنىڭ، ئۆزىگە بىر نېمە قىلىشىدىن بەك قورقۇپ كەتكەچكە، 13ئۇلار بار يەردە ئەتەي تەلۋىلىك قىلىپ يۈردى. ئۇ ئۇلارنىڭ قول ئاستىدا بولغانلىقتىن، ساراڭ بولۇۋېلىپ، شەھەر دەرۋازىسىغا قالايمىقان يېزىپ-سىزىپ، ساقىلىغا شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىپ يۈردى. 14ئاكىش ئەمەلدارلىرىغا:

_ قاراڭلار! بۇ ئادەم ساراڭ ئىكەن، نېمىدەپ ئۇنى مېنىڭ قېشىمغا ئېلىپ كەلدىڭلار؟ 15ماڭا ساراڭ كەم بولۇپ قاپتىمۇ؟ ئۇنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا ساراڭلىق قىلىپ بەرسۇن، دەپ ئېلىپ كەلدىڭلارمۇ؟ بۇ ئادەمنى ئۆيۈمدىن يىراق قىلىڭلار! _ دېدى.


22

داۋۇتنىڭ يوشۇرۇنۇپ يۈرۈشى

1داۋۇت ئۇ يەردىن قېچىپ، ئادۇللام شەھىرىنىڭ يېنىدىكى غاردا پاناھلاندى. ئۇنىڭ ئاكىلىرى ۋە ئاتا جەمەتىدىكىلەر بۇنى ئاڭلاپ، شۇ يەرگە يېتىپ كەلدى. 2شۇنىڭ بىلەن بىللە، بېشىغا كۈن چۈشكەن، قەرزگە بوغۇلغان، نارازى بولۇپ يۈرگەن كىشىلەر ئۇنىڭ يېنىغا يىغىلىشتى. شۇنداق قىلىپ داۋۇت ئۇلارغا يولباشچى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەر تۆت يۈزچە كىشى ئىدى. 3داۋۇت ئۇ يەردىن موئاب زېمىنىدىكى مىزپاھ دېگەن شەھەرگە كېلىپ، موئاب پادىشاھىغا:

_ خۇدانىڭ ماڭا نېمە قىلماقچى بولغانلىقىنى بىلىۋالغۇچە، ئاتا-ئانامنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلسىلا، _ دەپ ئىلتىجا قىلدى. 4شۇنداق قىلىپ ئۇ ئاتا-ئانىسىنى موئاب پادىشاھىنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ كەلدى. ئۆزى تاغدىكى پاناھلىنىدىغان غاردا يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن مەزگىلدە، ئاتا-ئانىسى ئۇ يەردە تۇردى. 5گاد پەيغەمبەر داۋۇتقا:

_ تاغدىكى غاردا يۈرمەي، يەھۇدا زېمىنىغا بارغىن، _ دېدى.

ئاندىن داۋۇت ئۇ يەردىن كېتىپ، خەرەت ئورمانلىقىغا باردى.

سائۇلنىڭ نوبتىكى روھانىيلارنى ئۆلتۈرۈشى

6سائۇل گىبئاھ تېغىنىڭ تۆپىسىدىكى بىر يۇلغۇن دەرىخىنىڭ ئاستىدا قولىغا نەيزىسىنى تۇتقان ھالدا ئولتۇراتتى، ئەمەلدارلىرى بولسا ئۇنىڭ ئەتراپىدا تۇرۇشاتتى. داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنىڭ تېپىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر ئۇنىڭغا يېتىپ كەلدى. 7سائۇل ئەتراپىدىكىلەرگە:

_ ھەي بىنيامىن قەبىلىسىدىكىلەر، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار! يەھۇدا قەبىلىسىدىن بولغان يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇت سىلەرگە ئۈزۈمزارلىق ۋە ئېتىزلارنى بېرەرمىدى، سىلەرنى قوشۇنلىرىنىڭ سەركەردىسى قىلارمىدى؟ 8سىلەر ماڭا قارشى تىل بىرىكتۈرۈۋاتىسىلەر. ئاراڭلاردىن ھېچكىم ماڭا ئوغلۇم يوناتاننىڭ يىشاينىڭ ئوغلى بىلەن ئەھدە قىلغانلىقىنى ئېيتمىدى، مېنىڭ ھالىمدىن خەۋەر ئالمىدى. ھېچقانداق ئادەم ماڭا، ئۆز ئوغلۇمنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن داۋۇتنىڭ ماڭا ھۇجۇم قىلىشنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتمىدى، _ دېدى.

9شۇ چاغدا سائۇلنىڭ ئەمەلدارلىرى ئارىسىدا تۇرغان ئىدوملۇق دوئېگ ئۇنىڭغا:

_ مەن يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇتنىڭ، نوبتىكى ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى روھانىي ئاخىمەلەكنىڭ يېنىغا كەلگەنلىكىنى كۆردۈم. 10ئاخىمەلەك داۋۇت ھەققىدە پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلىپ، ئۇنىڭغا تائام ۋە فىلىستىيەلىك گولياتنىڭ قىلىچىنى بەردى، _ دېدى.

11سائۇل پادىشاھ روھانىي ئاخىمەلەكنى ۋە ئۇنىڭ ئاتا جەمەتىنىڭ ھەممىسىنى، يەنى نوبتىكى روھانىيلارنى چاقىرتتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلدى.

12_ ھەي ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى، گېپىمگە قۇلاق سال، _ دېدى سائۇل.

_ مانا مەن، خوجام، _ دەپ جاۋاب بەردى ئاخىمەلەك.

13_ سەن نېمىشقا يىشاينىڭ ئوغلى بىلەن بىرگە ماڭا قارشى تىل بىرىكتۈردۈڭ؟ سەن نېمىشقا ئۇنىڭغا نان بىلەن قىلىچ بېرىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلدىڭ؟ مانا ئەمدى ئۇ ماڭا قارشى چىقىپ، ھۇجۇم قىلىشنى كۈتۈپ ياتماقتا! _ دېدى سائۇل ئۇنىڭغا. 14ئاخىمەلەك سائۇلغا جاۋاب بېرىپ، مۇنداق دېدى:

_ ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى ئىچىدە داۋۇتتىن سادىق كىم بار؟ ئۇ سىلىنىڭ كۈيۈ ئوغۇللىرى ھەم ئوردىدىكى ياساۋۇللار ئەترىتىنىڭ باشلىقى، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ ئادەملىرى ئىچىدىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر كىشىدۇر. 15توغرا، مەن داۋۇت ھەققىدە پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلدىم، ئالىيلىرى، بۇ مېنىڭ بىرىنچى قېتىم ئىلتىجا قىلىشىم ئەمەس. داۋۇتنىڭ يامان نىيىتىدىن ھېچ خەۋىرىم يوق، بۇ ئىشتا مېنى ياكى ئاتا جەمەتىمنى ئەيىبلىمىسىلە.

16_ ھەي ئاخىمەلەك! سەن ۋە ئاتا جەمەتىڭنىڭ ھەممىسى ئۆلۈمگە مەھكۇمسىلەر! _ دېدى پادىشاھ 17ۋە ئەتراپىدىكى ياساۋۇللىرىغا مۇنداق دەپ بۇيرۇدى:

_ پەرۋەردىگارنىڭ روھانىيلىرىنى ئۆلتۈرۈڭلار. ئۇلار داۋۇت تەرەپتە تۇرغان ھەم داۋۇتنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ماڭا ئېيتمىغان!

سائۇلنىڭ ياساۋۇللىرى بولسا پەرۋەردىگارنىڭ روھانىيلىرىنى ئۆلتۈرۈشتىن باش تارتتى. 18بۇ چاغدا پادىشاھ دوئېگقا:

_ سەن بېرىپ، روھانىيلارنى ئۆلتۈر! _ دەپ بۇيرۇدى. شۇ كۈنى ئىدوملۇق دوئېگ روھانىيلىق تونىنى كىيگەن 85 روھانىينى ئۆزى يالغۇز ئۆلتۈردى. 19بۇنىڭدىن باشقا سائۇل پادىشاھ روھانىيلار شەھىرى نوبتىكى ئەر-ئايال، بالا-چاقا، ئەمچەكتىكى بوۋاقتىن تاكى كالا-ئېشەك، قويلارغىچە بولغان ھەممىسىنى قىلىچ بىلەن قىرغۇزدى.

20ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى ئاخىمەلەكنىڭ ئوغۇللىرىدىن ئەبىياتار قېچىپ داۋۇتنىڭ قېشىغا كەلدى. 21ئۇ سائۇل پادىشاھنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ روھانىيلىرىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى داۋۇتقا دەپ بەردى.

22داۋۇت ئەبىياتارغا:

_ ئۇ كۈنى ئىدوملۇق دوئېگنىڭ ئۇ يەردە ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ سائۇلغا چوقۇم خەۋەر قىلىدىغانلىقىنى بىلگەنىدىم. ئاتا جەمەتىڭدىكى ھەربىر جاننىڭ ئۆلۈمىگە مەن سەۋەبچى بولدۇم. 23ئەمدى سەن يېنىمدا قال. قورقما، مېنىڭ جېنىمنى ئالماقچى بولغانلار سېنىڭ جېنىڭنىمۇ ئالىدۇ. سەن مېنىڭ يېنىمدا ئامان-ئېسەن تۇرىسەن، _ دېدى.


23

داۋۇتنىڭ قىيلاھ شەھىرىنى قۇتقۇزۇشى

1داۋۇتقا: «فىلىستىيەلىكلەر قىيلاھ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، خامانلاردىكى ئاشلىقلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىۋېتىپتۇ» دېگەن خەۋەر يېتىپ كەلدى. 2شۇ سەۋەبتىن داۋۇت پەرۋەردىگاردىن:

_ مەن بېرىپ ئۇ فىلىستىيەلىكلەر بىلەن ئۇرۇشايمۇ؟ _ دەپ سورىدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا:

_ سەن بېرىپ فىلىستىيەلىكلەر بىلەن ئۇرۇشۇپ، قىيلاھنى قۇتقۇز، _ دېدى.

3داۋۇتنىڭ ئادەملىرى بولسا داۋۇتقا:

_ بىز يەھۇدا زېمىنىدا تۇرۇقلۇق قورقۇۋاتساق، قىيلاھقا فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قوشۇنىنىڭ ئالدىغا ھۇجۇم قىلىپ بارىمىزمۇ تېخى؟ _ دېيىشتى.

4داۋۇت يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسىنى سورىدى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا:

_ مەن فىلىستىيەلىكلەرنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىدىغان بولغاندىكىن، سەن قىيلاھقا بار، _ دەپ جاۋاب بەردى.

5شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى قىيلاھقا بېرىپ، فىلىستىيەلىكلەر بىلەن جەڭ قىلدى. ئۇلار فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ماللىرىنى تارتىۋېلىپ، ئۇلارنى قاتتىق مەغلۇپ قىلدى. شۇنداق قىلىپ داۋۇت قىيلاھ ئاھالىسىنى قۇتقۇزدى.

سائۇلنىڭ داۋۇتنىڭ كەينىدىن قوغلىشى

6ئاخىمەلەكنىڭ ئوغلى ئەبىياتار قىيىلاھتا تۇرغان داۋۇتنىڭ يېنىغا قېچىپ بارغاندا، ئۇ ئۆزى بىلەن ئېفودنى*ئېلىۋالغانىدى. 7سائۇلغا: «داۋۇت قىيلاھقا كەپتۇ» دېگەن خەۋەر يېتىپ كەلگەندە، سائۇل:

_ داۋۇت دەرۋازا ۋە سېپىللىرى پۇختا شەھەرگە كىرىپ سولىنىپ قاپتۇ، بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇرغانلىقى _ دېدى.

8سائۇل داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنى قامالغا ئېلىش مەقسىتىدە ھەممە لەشكەرلىرىنى قىيلاھقا قاراپ يۈرۈش قىلىشقا چاقىرىق قىلدى. 9داۋۇت سائۇلنىڭ ئۆزىنى قەستلەۋاتقانلىقىنى بىلىپ، ئەبىياتارغا:

_ ئېفودنى ئەكەل، _ دېدى.

10ئاندىن ئۇ خۇداغا ئىلتىجا قىلىپ، مۇنداق دېدى:

_ ئى پەرۋەردىگار، ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا! مەن سائۇلنىڭ مېنى دەپ قىيلاھقا كېلىپ، پۈتۈن شەھەرنى خاراب قىلماقچى بولغانلىقىنى ئېنىق ئاڭلىدىم. 11قىيلاھنىڭ ھاكىملىرى مېنى سائۇلنىڭ قولىغا تاپشۇرارمۇ؟ سائۇل مەن ئاڭلىغاندەك قىيلاھ شەھىرىگە كېلەرمۇ؟ ئى پەرۋەردىگار، ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا، پېقىرغا يول كۆرسەتكەيسەن!

_ سائۇل كېلىدۇ، _ دېدى پەرۋەردىگار.

12_ قىيلاھنىڭ ھاكىملىرى مېنى ۋە ئادەملىرىمنى سائۇلنىڭ قولىغا تاپشۇرارمۇ؟ _ دېدى داۋۇت يەنە.

_ تاپشۇرىدۇ، _ دېدى پەرۋەردىگار.

13شۇڭا داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى، تەخمىنەن جەمئىي ئالتە يۈز كىشى قىيلاھتىن چىقىپ، ئۇ ياقتىن بۇ ياققا ئايلىنىپ يۈرۈشتى. بەزىلەر بۇ ئەھۋالنى سائۇلغا يەتكۈزۈۋىدى، ئۇ قىيلاھقا بارمايدىغان بولدى.

14داۋۇت چۆلدە، تاغلاردا، يەنى زىف چۆلىدىكى غارلاردا پاناھلىنىپ تۇراتتى. سائۇل داۋۇتنى ھەر كۈنى ئىزدىگەن بولسىمۇ، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ داۋۇتنى تۇتۇۋېلىشىغا يول قويمىدى. 15داۋۇت زىف چۆلىدىكى خوراش دېگەن جايدا تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە، سائۇلنىڭ ئۇنىڭ جېنىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇنى ئىزدەپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ قالدى. 16سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتان ئۇ يەرگە بېرىپ، داۋۇت بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە ئۇنىڭ خۇداغا بولغان ئىشەنچىنى كۈچەيتتى.

17_ قورقما! _ دېدى يوناتان ئۇنىڭغا، _ ئاتام ھېچقاچان ساڭا زىيانكەشلىك قىلالمايدۇ، سەن ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھى بولىسەن، مەن سەندىن قالساملا ئىككىنچى ئورۇندىكى ئادەم بولىمەن. بۇنى ئاتاممۇ ئوبدان بىلىدۇ.

18ئۇ ئىككىسى پەرۋەردىگار ئالدىدا، چىن دوستلۇق ئۈچۈن ئەھدە قىلىشتى. يوناتان ئۆيىگە كەتتى، داۋۇت بولسا ئاۋۋالقىدەكلا خوراشتا تۇرۇپ قالدى.

19زىفلىقلار گىبئاھقا بېرىپ، سائۇل بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنىڭغا:

_ داۋۇت يېشىمون چۆلىنىڭ جەنوبىدىكى خاكىلا دېگەن ئېگىزلىككە جايلاشقان خوراشتىكى غارلاردا يوشۇرۇنۇپ يۈرۈپتۇ. 20پادىشاھى ئالەم، خالىغان چاغلىرىدا يولغا چىقسىلا، داۋۇتنى قوللىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىمىز، _ دېيىشتى.

21_ ماڭا كۆڭۈل بۆلگىنىڭلار ئۈچۈن پەرۋەردىگار سىلەرگە بەخت ئاتا قىلسۇن، _ دېدى سائۇل, 22_ ئەمدى سىلەر يەنە بېرىپ، ئۇنىڭ قەيەردە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئۇنى كىمنىڭ كۆرگەنلىكىنى ئېنىقلاپ بېقىڭلار. ماڭا مەلۇم بولۇشىچە ئۇ تولىمۇ قۇۋ ئىكەن. 23شۇڭا، ئۇ ئادەتتە يوشۇرۇنىدىغان يەرنى ئېنىقلاپ چىقىپ، ماڭا كېلىپ ھەقىقىي مەلۇماتنى بېرىڭلار، ئاندىن مەن سىلەر بىلەن بىللە ئۇ يەرگە بارىمەن. ئەگەر ئۇ ئۇ يەردە بولسىلا، ئۇنى يەھۇدا جەمەتلىرى ئىچىدىن تاپماي قويمايمەن.

24زىفلىقلار يولغا چىقىپ، سائۇلدىن ئاۋۋال زىفقا قايتىپ كەلدى. داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى بولسا مائون چۆلىگە جايلاشقان يېشىموننىڭ جەنوبىدىكى ئارابا رايونىدا ئىدى. 25سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى داۋۇتنى ئىزدەشكە ماڭدى. داۋۇت بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ، مائون چۆلىدىكى بىر تىك تاغنىڭ يېنىدا قالدى. سائۇل بۇنى ئاڭلاپ، داۋۇتنى قوغلاپ تۇتۇش ئۈچۈن مائون چۆلىگە باردى. 26سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى تاغنىڭ بۇ تەرىپى بىلەن ماڭسا، داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى تاغنىڭ ئۇ تەرىپى بىلەن ماڭاتتى. ئۇلار سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئالدىراپ قېچىۋاتقاندا، سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئۇلارنى تۇتىمىز دەپ، ھەر تەرەپتىن قورشاۋغا ئېلىشقا باشلىدى. 27لېكىن بىر ئەلچى كېلىپ سائۇلغا:

_ تېز قايتمىسىڭىز بولمىدى، فىلىستىيەلىكلەر يۇرتىمىزغا ھۇجۇم قىلدى _ دېدى.

28شۇنىڭ بىلەن سائۇل داۋۇتنى قوغلىماي، فىلىستىيەلىكلەر بىلەن ئۇرۇشقىلى قايتتى. شۇ سەۋەبتىن بۇ يەر «قۇتۇلۇش قىياسى» دەپ ئاتالدى. 29داۋۇت ئۇ يەردىن چىقىپ، ئېنگەدى بوستانلىقىدىكى پاناھلىنىدىغان غارلارغا ئورۇنلاشتى.



*23:6 ئېفود _ روھانىيلىق كىيىم. بۇ يەردە ئۇشبۇ كىيىم روھانىيلىق خىزمىتىدە بولغان ئادەم تەرىپىدىن خۇدانىڭ ئىرادىسىنى بىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن.



 

24

داۋۇتنىڭ سائۇلنى كەچۈرۈشى

1سائۇل فىلىستىيەلىكلەرنى قوغلاپ قايتقاندا، ئۇنىڭغا: «داۋۇت ئېنگەدى چۆلىدە تۇرۇۋېتىپتۇ» دېگەن خەۋەر كەلدى. 2سائۇل بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئىسرائىللاردىن ئۈچ مىڭ سەرخىل لەشكەرنى تاللاپ، داۋۇت بىلەن ئۇنىڭ ئادەملىرىنى ئىزدەپ «ياۋا تېكە» قىيا تاشلىرىنىڭ يېنىغا كەلدى. 3سائۇل يول بويىدا قوي قوتانلىرى بار يەرگە كەلگەندە، بىر غارنى كۆرۈپ، ھاجەت قىلغىلى كىردى. داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى دەل شۇ غارنىڭ ئىچكىرىسىدە يوشۇرۇنۇپ تۇرغانىدى. 4داۋۇتنىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭغا:

_ پەرۋەردىگار سىزگە: «دۈشمىنىڭنى ئۆز قولۇڭغا تاپشۇرىمەن، قانداق قىلىشنى خالىساڭ، شۇنداق قىل» دېگەنىدى، قاراڭ، مانا بۈگۈن شۇ پەيت كەلدى! _ دېدى.

داۋۇت ئاستا قوپۇپ سائۇلنىڭ تونىنىڭ ئېتىكىدىن تۇيدۇرماي بىر پارچە كېسىۋالدى، 5بىراق بۇنداق قىلغىنى ئۈچۈن داۋۇت كۆڭلىدە ئۆزىنى ئەيىبلىدى.

6_ پەرۋەردىگار مېنى ئۇ تاللىغان پادىشاھقا قول تەگكۈزۈشۈمدىن ساقلىسۇن، خوجايىنىمغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزسەم ھەرگىز بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگار تاللىغان پادىشاھتۇر، _ دېدى ئۇ ئادەملىرىگە.

7داۋۇت شۇنداق دەپ ئۆز ئادەملىرىگە تەنبىھ بېرىپ، ئۇلارنىڭ سائۇلغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈشىگە ئىجازەت بەرمىدى. سائۇل غاردىن چىقىپ ئۆز يولىغا راۋان بولدى.

8شۇنىڭ بىلەن داۋۇتمۇ غاردىن چىقتى ۋە سائۇلنىڭ ئارقىسىدىن:

_ ھەي پادىشاھ ئالىيلىرى! _ دەپ سائۇلنى چاقىردى.

سائۇل بۇرۇلۇپ، داۋۇتنىڭ يەرگە باش قويۇپ، ئۆزىگە تەزىم قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.

9داۋۇت سائۇلغا مۇنداق دېدى:

_ نېمىشقا كىشىلەرنىڭ: «داۋۇت سىزگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەكچى بولۇۋاتىدۇ» دېگەن گەپلىرىگە قۇلاق سېلىپ يۈرىسىز؟ 10مانا بۈگۈن ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆردىڭىز، پەرۋەردىگار غاردا سىزنى قولۇمغا تاپشۇرغانىدى، بەزىلەر «ئۆلتۈر» دېدى، لېكىن مەن سىزنى كەچۈردۈم. مەن ئۇلارغا: «پەرۋەردىگار تاللىغان پادىشاھ ئالىيلىرىغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزسەم بولمايدۇ» دېدىم. 11ھەي ئاتا، قاراپ بېقىڭا، ئېتىكىڭىزنىڭ بىر پارچىسى مانا مېنىڭ قولۇمدا تۇرۇپتۇ، سىزنى ئۆلتۈرمەي ئېتىكىڭىزنىلا كېسىۋالغانلىقىمدىن مەندە يا يامانلىق، يا گۇناھنىڭ يوقلۇقىنى بىلىۋالالايسىز. گەرچە مەن سىزگە قىلچىلىك يامان نىيەتتە بولمىغان بولساممۇ، لېكىن سىز مېنىڭ جېنىمنى ئېلىش قەستىدە بولۇۋاتىسىز. 12كىمنىڭ توغرا، كىمنىڭ خاتا قىلغانلىقىغا پەرۋەردىگار ھۆكۈم چىقارغاي، پەرۋەردىگار مەن ئۈچۈن سىزدىن ئىنتىقام ئالغاي، مەن سىزگە قول تەگكۈزمەيمەن. 13«يامانلىق يامانلاردىن كېلەر» دېگەن ماقال بار، شۇڭا مەن سىزگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەيمەن. 14ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى كىمنى تۇتقىلى چىقىپتۇ؟ سىز كىمنى قوغلاپ يۈرىسىز؟ ئەمەلىيەتتە قوغلاپ يۈرگىنىڭىز بىر ئۆلۈك ئىت، كىچىككىنە بىر بۈرگە، خالاس! 15پەرۋەردىگار ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا سوتچى بولۇپ، ھەق-ناھەققە ھۆكۈم چىقارسۇن، ئىشنى تەكشۈرۈپ، مېنى ئاقلىسۇن ۋە مېنى سىزنىڭ قولىڭىزدىن قۇتقۇزسۇن!

16داۋۇتنىڭ سۆزى تۈگىگەندىن كېيىن، سائۇل:

_ ئوغلۇم داۋۇت! بۇ راستتىنلا سەنمۇ؟ _ دېدى ۋە قاتتىق يىغلاپ كەتتى. 17_ سەن توغرا قىلدىڭ، مەن بولسام خاتالاشتىم. مەن ساڭا يامانلىق قىلغانىدىم، ئەمما سەن ماڭا ياخشىلىق قىلدىڭ! 18بۈگۈن سەن ماڭا يامانلىق قىلمايدىغانلىقىڭنى ئىسپاتلىدىڭ. گەرچە پەرۋەردىگار بۈگۈن مېنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرغان بولسىمۇ، لېكىن سەن مېنى ئۆلتۈرمىدىڭ. 19كىممۇ سەندەك ئۆز دۈشمىنىنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنىڭغا ئاق يول تىلەپ يولغا سالىدۇ؟ پەرۋەردىگار سېنىڭ بۈگۈن ماڭا قىلغان ياخشىلىقىڭ ئۈچۈن ساڭا ياخشىلىق ياندۇرغاي! 20ئەمدى مەن سېنىڭ چوقۇم پادىشاھ بولىدىغانلىقىڭنى، ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھلىقى سېنىڭ قولۇڭدا مۇستەھكەملىنىدىغانلىقىنى بىلدىم. 21سەن ھازىر مەن ئۆلگەندىن كېيىن، مېنىڭ ۋە ئاتا جەمەتىمنىڭ نامىنىڭ پۈتۈنلەي ئۆچۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، مېنىڭ ئەۋلادلىرىمنى قۇرۇتۇۋەتمەيدىغانلىقىڭ ھەققىدە پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىل!

22داۋۇت سائۇلغا قەسەم قىلىپ بەرگەندىن كېيىن، سائۇل ئۆز ئۆيىگە كەتتى. داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىمۇ تاغدىكى پاناھلىنىدىغان غارغا قايتتى.


25

سامۇئىلنىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشى

1سامۇئىل ئالەمدىن ئۆتتى. پۈتۈن ئىسرائىللار يىغىلىپ ماتەم تۇتۇپ، ئۇنى ئۆز يۇرتى راماھتا دەپنە قىلدى. داۋۇت بولسا پاران چۆلىگە كەتتى.

نابالنىڭ ئەخمەقلىقى ۋە ئابىگالنىڭ چېچەنلىكى

2-3كالىب قەبىلىسىدىن بولغان مائونلۇق نابال ئىسىملىك بىر ئادەم بار ئىدى. ئۇ قەۋەتلا باي ئادەم بولۇپ، ئۈچ مىڭ قويى، بىر مىڭ ئۆچكىسى بار ئىدى. ئۇنىڭ مال-دۇنياسى كارمەل شەھىرىدە ئىدى. نابالنىڭ ئابىگال ئىسىملىك ئايالى بولۇپ، ئۇ ھەم ئەقىللىق ھەم چىرايلىق ئىدى؛ لېكىن نابال بولسا مىجەزى تولىمۇ چۇس، توڭ ئادەم ئىدى. بىر كۈنى ئۇ كارمەلدە قويلىرىنىڭ يۇڭىنى قىرقىۋاتاتتى. 4چۆلدە يۈرگەن داۋۇت نابالنىڭ قويلىرىنىڭ يۇڭىنى قىرقىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، 5يىگىتلىرىدىن ئوننى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا مۇنداق دەپ تاپىلىدى:

_ سىلەر كارمەلگە بېرىپ نابال بىلەن كۆرۈشۈڭلار، مەندىن ئۇنىڭغا سالام ئېيتىڭلار 6ۋە مېنى: «ئۆزلىرىگە، ئائىلىلىرىگە ۋە سىلىگە تەۋە بولغانلارغا تەن سالامەتلىك ۋە مەمۇرچىلىق تىلەيمەن. 7ئاڭلىسام قويلىرىنىڭ يۇڭلىرىنى قىرقىۋېتىپتىلا، ئۆزلىرىنىڭ مالچىلىرى بىز بىلەن كارمەلدە باردى-كەلدى قىلغاندا، ئۇلارغا ھېچ زەرەر يەتكۈزمىگەنىدۇق، ئۇلار ھېچ نەرسىسىنى يوقاتمىغانىدى. 8ئادەملىرىدىن سوراپ باقسىلا، ئۇلار ئېيتىپ بېرىدۇ. بىز ئۆزلىرىنىڭ ئالدىلىرىدا ئىلتىپاتقا ئېرىشكەيمىز. خىزمەتكارلىرىم ھۇزۇرلىرىغا بايرام كۈنلىرى يېتىپ باردى، بۇ خىزمەتكارلىرىڭىزغا شۇنداقلا ئوغۇللىرى داۋۇتقا قوللىرىدىن كېلىشىچە ياردەم كۆرسەتكەيلا، دېدى» دەڭلار.

9داۋۇت ئەۋەتكەن يىگىتلەر كېلىپ، داۋۇتنىڭ نامىدا بۇ گەپلەرنى نابالغا ئېيتىپ، جاۋاب كۈتۈپ تۇردى.

10لېكىن نابال داۋۇتنىڭ يىگىتلىرىگە مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ كىم ئۇ داۋۇت دېگەن؟ كىم ئۇ يىشاينىڭ ئوغلى دېگەن؟ بۇ كۈنلەردە ئۆز خوجايىنلىرىدىن قېچىپ يۈرگەن خىزمەتكارلار ناھايىتى كۆپ. 11مەن قانداقسىگە ئاش-نېنىمنى ۋە قويلىرىمنىڭ يۇڭىنى قىرقىۋاتقانلارغا دەپ سويغان مالنىڭ گۆشىنى نەدىن كەلگەنلىكى نامەلۇم بولغان بىرلىرىگە بېرەي؟ 12داۋۇت ئەۋەتكەن يىگىتلەر بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ قايتىپ كەتتى. ئۇلار داۋۇتنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا نابالنىڭ سۆزلىرىنى ئەينەن يەتكۈزدى. 13داۋۇت ئادەملىرىگە:

_ ھەربىرىڭلار قىلىچلىرىڭلارنى ئېسىڭلار، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ھەممەيلەن قىلىچلىرىنى ئېسىشتى، داۋۇتنىڭ ئۆزىمۇ قىلىچىنى ئاستى. ئىككى يۈز ئادەم ياراغ-جابدۇقلارنى ساقلاشقا قېلىپ، تۆت يۈزچە ئادەم داۋۇت بىلەن يولغا چىقتى.

14بۇ ئىشلار بولۇۋاتقاندا، نابالنىڭ بىر خىزمەتكارى نابالنىڭ ئايالى ئابىگالغا:

_ قارىسىلا، داۋۇت چۆلدىن خوجايىنىمىزغا سالامغا ئەلچى ئەۋەتىپتىكەن، خوجايىنىمىز ئۇلارنى ھاقارەتلەپتۇ. 15لېكىن ئۇلار بىزگە ناھايىتى ياخشى مۇئامىلە قىلغان. بىز چۆل-باياۋاندا ئۇلار بىلەن باردى-كەلدى قىلغىنىمىزدا، ئۇلار بىزگە ھېچ زەرەر يەتكۈزمىگەنىدى، بىز ھېچ نەرسىمىزنى يوقاتمىغانىدۇق. 16بىز ئۇلار بىلەن بىللە بولۇپ، قويلىرىمىزنى بېقىپ يۈرگەن كۈنلەردە، ئۇلار بىزنى كېچە-كۈندۈز تامدەك قوغدىغانىدى. 17ئەمدى نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ئۆزلىرى ئويلىنىپ باقسىلا، خوجايىنىمىز ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن ئائىلىسىنىڭ بېشىغا بالا-قازا كېلىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ، خوجايىنىمىزنىڭ مىجەزى بەك يامان، ئۇ ھېچكىمنىڭ گېپىنى يېمەيدۇ، _ دېدى.

18ئابىگال دەرھال ئىككى يۈز نان، ئىككى تۇلۇم شاراب، پىشۇرۇلغان بەش قوينىڭ گۆشى، ئىككى خالتا قوماچ، يۈز ئوچۇم كىشمىش ۋە ئىككى يۈز ئوچۇم قۇرۇتقان ئەنجۈر تەييارلاپ، ئېشەكلەرگە ئارتىپ، 19خىزمەتكارلىرىغا:

_ سىلەر مېڭىۋېرىڭلار، مەن كەينىڭلاردىن بارىمەن _ دېدى.

لېكىن ئۇ بۇ ئىشنى ئېرى نابالغا ئېيتمىدى. 20ئابىگال ئېشىكىگە مىنىپ، تاغنىڭ ئەگمىسىدىن چۈشۈۋاتقاندا، قارشى تەرەپتىن كېلىۋاتقان داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىگە دۇچ كېلىپ قالدى.

21داۋۇت ئادەملىرىگە مۇنداق دەۋاتاتتى:

_ مېنىڭ چۆل-باياۋاندا بۇ كىشىنىڭ ماللىرىنى ساقلاپ، ئۇنىڭ نەرسىلىرىدىن ھېچنېمىسىنى يوقاتمىغانلىقىم بىكار بوپتۇ، قاراڭلار ئۇنىڭ ياخشىلىققا يامانلىق قايتۇرغىنىنى. 22خەپ، ئەتە تاڭ ئاتقۇچە بۇ ئادەمگە تەۋە ئەركەك زاتىدىن بىرەرسىنى تىرىك قالدۇرىدىغان بولسام، پەرۋەردىگار مېنى ئېغىر جازالىغاي!

23ئابىگال داۋۇتنى كۆرۈپ دەرھال ئېشىكىدىن چۈشۈپ، ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، يەرگە باش قويۇپ، تەزىم قىلدى. 24ئۇ يەنە داۋۇتنىڭ پۇتى ئالدىدا تىزلىنىپ:

_ تەقسىر، بۇ گۇناھ ماڭا ئارتىلسۇن، كېنىزەكلىرىگە ئىجازەت بەرگەيلا، سۆز قىلغىلى قويۇپ، سۆزىگە قۇلاق سالغايلا. 25تەقسىر، سىلى مىجەزى چۇس نابالغا ئېتىبار قىلمىغايلا، چۈنكى ئۇ ئۆز ئىسمىنىڭ مەنىسىدەك ئەخمەق ئادەم [«نابال» ئەخمەق دېگەن مەنىدە]، مەنكى كېنىزەكلىرى سىلى ئەۋەتكەن يىگىتلەرنى كۆرمەي قاپتىمەن. 26ھەي تەقسىرىم، ئەمدى مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا سىلىنىڭ جانلىرى بىلەن قەسەم قىلىپ ئېيتىمەنكى، پەرۋەردىگار سىلىنىڭ قان تۆكۈشلىرىگە، شۇنداقلا ئۆز قوللىرى بىلەن ئۆچ ئېلىشلىرىغا يول قويمىدى، شۇڭا سىلىنىڭ دۈشمەنلىرى ۋە سىلىگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ ھەممىسىگە دەل شۇ نابالنىڭ كۈنى كەلگەي. 27ئەمدى كېنىزەكلىرى ئېلىپ كەلگەن سوۋغاتلارنى قوبۇل قىلغايلا ۋە ئۆزلىرى بىلەن كەلگەن يىگىتلەرگە بەرگەيلا. 28كېنىزەكلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرۈشلىرىنى ئۆتۈنىمەن. پەرۋەردىگار ئۆزلىرىگە ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە مۇستەھكەم تۇرىدىغان خانىدانلىق ئاتا قىلىدۇ، چۈنكى ئۆزلىرى پەرۋەردىگار ئۈچۈن جەڭ قىلىپ كېلىۋاتىلا. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ئۆمۈرلىرىنىڭ ئاخىرىغىچە ھېچبىر يامانلىق قىلمايلا. 29بىرەرسى سىلىنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن كەينىلىرىگە چۈشسىمۇ، پەرۋەردىگار خۇدالىرى جانلىرىنى كۆز قارىچۇقىدەك ساقلايدۇ، دۈشمەنلىرىنىڭ جانلىرىنى سالغىغا سېلىپ ئاتقان تاشتەك پىرقىرىتىپ ئېتىۋېتىدۇ. 30پەرۋەردىگار سىلىگە ۋەدە قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى بەجا كەلتۈرۈپ، سىلىنى ئىسرائىلىيەگە باش قىلغان چاغدا، 31«ئۆزۈم ئۈچۈن ئۆچ ئېلىپ، بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ قېنىنى تۆكتۈم» دەپ، ۋىجدانلىرى ئالدىدا بىئارام بولۇشلىرىنىڭ ھاجىتى يوق. پەرۋەردىگار سىلىگە بەخت-سائادەت ئاتا قىلغاندا، كېنىزەكلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىغايلا، _ دېدى.

32داۋۇت ئابىگالغا:

_ سىزنى بۈگۈن مېنىڭ ئالدىمغا ئەۋەتكەن پەرۋەردىگارغا، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇداغا ھەمدۇسانالار بولسۇن! 33ئەقلىڭىز ئۈچۈن ۋە مېنى ئۆز قولۇم بىلەن ئۆچ ئېلىپ، بىگۇناھ قان تۆكۈشتىن ساقلاپ قالغانلىقىڭىز ئۈچۈن خۇدا سىزگە بەخت ئاتا قىلغاي! 34پەرۋەردىگار مېنىڭ سىزگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈشۈمنىڭ ئالدىنى ئالدى. ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا _ مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، مۇبادا سىز مېنىڭ ئالدىمغا تېز كەلمىگەن بولسىڭىز، ئەتە تاڭ ئاتقۇچە نابالنىڭ ئادەملىرىدىن بىرمۇ ئەركەك زاتى تىرىك قالمىغان بولاتتى، _ دېدى ۋە 35ئابىگال ئېلىپ كەلگەن سوۋغاتلارنى قوبۇل قىلدى.

_ سۆزىڭىزنى تىڭشاپ، ئىلتىجايىڭىزنى قوبۇل قىلدىم، ئەمدى ئامان-ئېسەن ئۆيىڭىزگە قايتىڭ، _ دېدى.

36ئابىگال ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندە، نابال ئۆيىدە خۇددى پادىشاھتەك كاتتا زىياپەت ئۆتكۈزۈۋاتاتتى. ئۇ ھاراق ئىچىپ قاتتىق مەست بولۇپ، خۇشال-خۇراملىقتا ئىدى، شۇڭا ئابىگال ئەتىسى تاڭ ئاتقۇچە ئۇنىڭغا ھېچنېمە دېمىدى. 37ئەتىسى ئەتىگەندە نابالنىڭ مەستلىكى يېشىلگەن چاغدا، ئايالى ئۇنىڭغا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى دەپ بەردى. نابال بۇلارنى ئاڭلاپ مېڭىسىگە قان چۈشۈپ، پالەچ بولۇپ قالدى، 38تەخمىنەن ئون كۈندىن كېيىن پەرۋەردىگار ئۇنىڭ جېنىنى ئالدى.

داۋۇتنىڭ ئابىگالغا ئۆيلىنىشى

39داۋۇت نابالنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئاڭلىغاندا:

_ پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانالار بولسۇن، نابال مېنى ھاقارەت قىلغانىدى، پەرۋەردىگار ئۆزى مېنى ئاقلاپتۇ ھەم مېنى گۇناھ قىلىشتىن ساقلاپتۇ. ئۇ نابالنىڭ يامانلىقىنىمۇ ئۆز بېشىغا قايتۇرۇپتۇ! _ دېدى.

شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت ئارىغا ئادەم سېلىپ ئابىگالغا ئۆيلىنىش نىيىتىنى بىلدۈردى. 40داۋۇتنىڭ ئادەملىرى كارمەلگە بېرىپ، ئابىگال بىلەن كۆرۈشۈپ:

_ داۋۇت سىزنى ئەمرىمگە ئالسام دەپ، بىزنى ئەلچىلىككە ئەۋەتتى، _ دېدى.

41ئابىگال يەرگە باش قويۇپ، تەزىم قىلىپ، ئۇلارغا:

_ مەن خوجامنىڭ كېنىزىكى بولۇپ، ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ پۇتىنى يۇيۇشقىمۇ تەييارمەن، _ دېدى.

42ئابىگال دەرھال جابدۇنۇپ، ئېشىكىگە مىنىپ، بەش كېنىزىكىنى ئېلىپ، داۋۇتنىڭ ئەلچىلىرى بىلەن بىللە بېرىپ، داۋۇتقا ياتلىق بولدى. 43ۋاھالەنكى، داۋۇت يىزرىئەللىك ئاخىنوئامنىمۇ ئەمرىگە ئالغانىدى، شۇ تەرىقىدە داۋۇت ئىككى خوتۇنلۇق بولدى. 44داۋۇتنىڭ بىرىنچى خوتۇنى مىكالنى ئاتىسى سائۇل پالتىغا خوتۇنلۇققا بېرىۋەتكەنىدى. پالتى گاللىملىق لايىشنىڭ ئوغلى ئىدى.


26

سائۇلنىڭ داۋۇتنى زىف چۆلىدە ئىزدىشى

1بىرنەچچە زىفلىقلار گىبئاھقا كېلىپ، سائۇل بىلەن كۆرۈشۈپ:

_ داۋۇت يېشىمون چۆلىنىڭ چېتىدىكى خاكىلا دېگەن ئېگىزلىكتە يوشۇرۇنۇپ يۈرىدۇ، _ دېيىشتى.

2بۇنى ئاڭلىغان سائۇل دەرھال ئىسرائىللاردىن ئۈچ مىڭ سەرخىل لەشكەرنى تاللاپ، داۋۇتنى ئىزدەش ئۈچۈن زىف چۆلىگە ئاتلاندى. 3سائۇل خاكىلا ئېگىزلىكىنىڭ يېنىدىكى يول بويىغا بارگاھ قۇردى. داۋۇت ئۇ چاغدا يەنىلا چۆلدە ئىدى، ئۇ سائۇلنىڭ چۆلدە ئۆزىنىڭ كەينىگە چۈشكەنلىكىنى ئاڭلاپ، 4تىڭتىڭلاپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتتى ۋە شۇ ئارقىلىق سائۇلنىڭ كەلگەنلىكىنى ئېنىق بىلىۋالدى. 5داۋۇت دەرھال سائۇل بارگاھ قۇرغان يەرگە بېرىپ، سائۇلنىڭ ۋە قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى نېرنىڭ ئوغلى ئابنېرنىڭ ياتقان يېرىنى كۆردى. سائۇل بارگاھنىڭ ئوتتۇرىسىدا، لەشكەرلىرى بولسا ئۇنىڭ ئەتراپىدا ياتقانىدى.

داۋۇتنىڭ سائۇلنى يەنە بىر قېتىم كەچۈرۈۋېتىشى

6داۋۇت ئاخىمەلەك بىلەن ئابىشايدىن:

_ قايسىڭلار مەن بىلەن سائۇلنىڭ بارگاھىغا بارىسىلەر؟ _ دەپ سورىۋىدى، ئابىشاي:

_ مەن ئۆزۈم سىز بىلەن بارىمەن، _ دېدى.

ئاخىمەلەك خىت خەلقىدىن ئىدى، ئابىشاي يوئابنىڭ ئاكىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئانىسى زىرۇيا ئىدى. 7شۇ كۈنى كېچىسى داۋۇت بىلەن ئابىشاي ئىككىسى بارگاھقا بېرىپ، سائۇلنىڭ بارگاھنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇخلاۋاتقانلىقىنى، بېشىنىڭ يېنىدا نەيزىسىنىڭ يەرگە سانجىقلىق تۇرغانلىقىنى، ئابنېر بىلەن لەشكەرلەرنىڭ ئۇنىڭ چۆرىسىدە ياتقانلىقىنى كۆردى. 8ئابىشاي داۋۇتقا:

_ بۈگۈن پەرۋەردىگار دۈشمىنىڭىزنى قولىڭىزغا تاپشۇرۇپتۇ. ئەمدى ئىجازەت بېرىڭ، ئۇنى نەيزە بىلەن يەرگە مىخلاپ قوياي. بىرلا سانجىسام بولدى، ئىككىنچى سانجىشىمنىڭ ھاجىتى يوق! _ دېدى.

9_ ياق، ئۇنى ئۆلتۈرگۈچى بولما! _ دېدى داۋۇت ئابىشايغا، _ كىممۇ پەرۋەردىگار تاللىغان پادىشاھقا قول تەگكۈزۈپ، گۇناھسىز قالسۇن؟ 10مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا قەسەم ئىچىمەنكى، پەرۋەردىگار ئۆزى سائۇلنىڭ جېنىنى ئالىدۇ. ئۇ ياكى كۈنى توشۇپ ئالەمدىن ئۆتىدۇ، ياكى جەڭدە ھالاك بولىدۇ. 11پەرۋەردىگار مېنى ئۆزى تاللىغان پادىشاھقا قول سېلىشىمدىن ساقلىسۇن! ئۇنىڭ بېشىدىكى نەيزە بىلەن سۇداننى ئېلىپ كېتەيلى.

12شۇنىڭ بىلەن داۋۇت سائۇلنىڭ بېشىدىكى نەيزە بىلەن سۇداننى ئالدى ۋە ئۇ يەردىن كەتتى. ئۇلارنى ھېچكىم كۆرمىدى، ھېچكىم سەزمىدى. ھەتتا ھېچبىرى ئويغانمىدى. چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنى قاتتىق ئۇيقۇغا غەرق قىلىۋەتكەنىدى.

13شۇنداق قىلىپ داۋۇت جىلغىنىڭ قارشى تەرىپىگە ئۆتۈپ، دۆڭگە چىقتى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا خېلى ئارىلىق بار ئىدى. 14داۋۇت سائۇلنىڭ ئادەملىرىگە ۋە نېرنىڭ ئوغلى ئابنېرغا قاراپ توۋلىدى:

_ ھەي ئابنېر، جاۋاب بەرمەمسەن؟

_ سەن كىم، پادىشاھقا قاراپ توۋلاشقا جۈرئەت قىلغان؟ _ دېدى ئابنېر.

15_ سەن ئىسرائىلىيەدىكى تەڭدىشى يوق ئادەم ئەمەسمۇسەن؟ _ دېدى داۋۇت ئابنېرغا، _ بىرسى خوجايىنىڭ بولغان پادىشاھ ئالىيلىرىنى ئۆلتۈرگىلى كىرسە، سەن نېمىشقا پادىشاھنى ياخشى قوغدىمىدىڭ؟ 16بۇنداق قىلغىنىڭ ياخشى بولمىدى! مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، خوجايىنىڭلارنى، يەنى پەرۋەردىگار تاللىغان پادىشاھنى ياخشى مۇھاپىزەت قىلمىغانلىقىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار ئۆلۈمگە مەھكۇمسىلەر. ئابنېر، ئەمدى قاراپ باققىنا، پادىشاھنىڭ بېشىدىكى نەيزە بىلەن سۇدان نەدە؟

17سائۇل داۋۇتنىڭ ئاۋازىنى تونۇپ، ئۇنىڭغا:

_ ئوغلۇم داۋۇت! بۇ راستتىنلا سەنمۇ؟ _ دېدى.

_ لەببەي، پادىشاھ ئالىيلىرى، _ دەپ جاۋاب بەردى داۋۇت، 18_ مەن نېمە ئىش قىلدىم، نېمە يامانلىق ئۆتكۈزدۈم؟ خوجايىنىمنىڭ پېقىرنى قوغلاپ يۈرۈشىدىكى سەۋەب نېمە؟ 19پادىشاھ ئالىيلىرى، ئەمدى پېقىرنىڭ گېپىگە قۇلاق سېلىپ باقسىڭىز! ئەگەر سىزنىڭ ماڭا غەزەپلىنىشىڭىزگە پەرۋەردىگار سەۋەب بولغان بولسا، قۇربانلىقىم پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسىنى ئۆزگەرتكەي؛ ئەگەر بۇنى قىلىۋاتقانلار ئىنسانلار بولسا، ئۇلار پەرۋەردىگار ئالدىدا قارغىشقا كەتكەي. چۈنكى ئۇلار بۇ كۈنلەردە مېنى پەرۋەردىگارنىڭ زېمىنىدىن ھەيدەپ، يات ئىلاھلارغا چوقۇنىدىغان يەرگە قوغلىۋەتتى. 20ئەمدى مەن پادىشاھىمدىن قېنىمنىڭ يات زېمىندا، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن يىراق يەردە تۆكۈلۈشىگە يول قويماسلىقىنى ئۆتۈنىمەن، ئىسرائىللار پادىشاھىنىڭ مېنى _ كىچىككىنە بىر بۈرگىنى ئىزدەپ يۈرۈشى، خۇددى تاغقا شىكارغا چىققانلارنىڭ كەكلىك ئوۋلىغىنىدەكلا ئىشتۇر.

21سائۇل مۇنداق دېدى:

_ مەن گۇناھ قىلدىم، قايتىپ كەل، ئوغلۇم داۋۇت! بۈگۈن جېنىمنى ئەزىز بىلگەنلىكىڭ ئۈچۈن ئەمدى ئىككىنچى ساڭا زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەيمەن. مەن ئەخمەقلىق قىلىپ، قاتتىق گۇناھ قىلىپتىمەن.

22_ مانا پادىشاھىمىزنىڭ نەيزىسى، _ دېدى داۋۇت، _ يىگىتلىرىڭىزدىن بىرى كېلىپ ئەكەتسۇن. 23پەرۋەردىگار بۈگۈن پادىشاھىمىز بولغان سىزنى قولۇمغا تاپشۇرغانىدى، لېكىن مەن پەرۋەردىگار تاللىغان پادىشاھقا قول تەگكۈزمىدىم. پەرۋەردىگار ھەربىر ئادەمنى ئۇنىڭ ئادىللىقى ۋە ساداقەتلىكىگە يارىشا مۇكاپاتلايدۇ. 24بۈگۈن سىزنىڭ جېنىڭىز مېنىڭ نەزىرىمدە ئەزىز بىلىنگەندەك، مېنىڭ جېنىممۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە ئەزىز بىلىنسۇن ۋە مېنى بارلىق مۈشكۈلاتلاردىن خالىي قىلسۇن.

25_ بالام داۋۇت، خۇدا ساڭا بەخت ئاتا قىلغاي! سەن چوقۇم ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلىسەن ھەم غەلىبىگە ئېرىشىسەن! _ دېدى سائۇل. شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت ئۆز يولىغا كەتتى، سائۇلمۇ ئۆيىگە قايتتى.


27

داۋۇتنىڭ فىلىستىيەلىكلەر ئارىسىدا ياشىشى

1ۋاھالەنكى، داۋۇت ئۆز كۆڭلىدە: «بىر كۈنى بولمىسا بىر كۈنى سائۇلنىڭ قولىدا ئۆلىدىغان ئوخشايمەن، ئۇنىڭدىن كۆرە فىلىستىيەلىكلەر زېمىنىغا قېچىپ كەتكىنىم ياخشىدەك تۇرىدۇ، سائۇل مېنىڭ ئىسرائىلىيە زېمىنىدا ئەمەسلىكىمنى بىلسە، ئۈمىدسىزلىنىپ، مېنى ئىزدەپ يۈرمەس. شۇنداق قىلسام، ئۇنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇپ كېتەرمەن» دەپ ئويلىدى-دە، 2ئالتە يۈز ئادىمىنى باشلاپ، چېگرادىن ئۆتۈپ، مائوكنىڭ ئوغلى، گات پادىشاھى ئاكىشنىڭ يېنىغا پاناھلانغىلى كەلدى. 3ئۇلار ھەرقايسىسى ئۆزلىرىنىڭ بالا-چاقىلىرىنى ئېلىپ، گاتتا ئاكىشنىڭ يېنىغا جايلاشتى، داۋۇتنىڭ ئىككى خوتۇنى يىزرىئەللىك ئاخىنوئام بىلەن نابالدىن تۇل قېلىپ داۋۇتقا تەگكەن كارمەللىك ئابىگالمۇ ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىدى. 4«داۋۇت گاتقا قېچىپ كېتىپتۇ» دېگەن خەۋەر يېتىپ كەلگەندە، سائۇل ئۇنى ئىزدەشتىن توختىدى. 5داۋۇت ئاكىشقا:

_ ئەگەر پېقىر نەزەرلىرىدە ئىلتىپاتقا لايىق ئادەم بولسام، ئەتراپتىكى شەھەرلەردىن ياشاشقا بىر جاي بەرسىلە، پېقىر قانداقسىگە ئۆزلىرى بىلەن پايتەختتە ياشسۇن، _ دېگەنىدى، 6ئاكىش شۇ كۈنىلا زىقلاق شەھىرىنى ئۇنىڭغا بەردى. شۇ سەۋەبتىن زىقلاق شەھىرى تاكى ھازىرغىچە يەھۇدىيە پادىشاھلىرىغا تەۋە بولۇپ كەلمەكتە. 7داۋۇت فىلىستىيەلىكلەر زېمىنىدا بىر يىل تۆت ئاي تۇردى. 8بۇ جەرياندا داۋۇت ئۆز ئادەملىرى بىلەن ئاتلىنىپ چىقىپ گىشۇرلۇقلار، گىرزىلەر ۋە ئامالەكلەرگە ھۇجۇم قىلىپ تۇردى. بۇ خەلقلەر تىلائىمدىن تارتىپ شۇرغىچە، ھەتتا مىسىرغىچە بولغان جايلاردا ياشاپ كەلگەنىدى.*9داۋۇت ئۇلارغا ھۇجۇم قىلغاندا يا ئەر، يا ئاياللاردىن بىرىنىمۇ تىرىك قالدۇرمايتتى. قوي، كالا، تۆگە، ئېشەك ۋە كىيىم-كېچەكلەرنى ئولجا ئېلىپ كېلىپ، ئاكىش بىلەن كۆرۈشەتتى. 10ئاكىش: «سىلەر بۇ قېتىم قەيەرلەرگە ھۇجۇم قىلدىڭلار؟» دەپ سورىسا، داۋۇت بەزىدە: «يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ چۆلدىكى بىر شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدۇق» دېسە، بەزىدە: «يىراخمىئېللارنىڭ چۆلدىكى بىر شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدۇق» ياكى: «قېنلارنىڭ چۆلدىكى بىر شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدۇق» دەيتتى.

11داۋۇت ھېچكىمنى گاتقا ئېلىپ كەلمەيتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ۋە ئادەملىرىنىڭ قىلغان ئىشلىرىنىڭ بىلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن تىرىك قالدۇرمايتتى. داۋۇت فىلىستىيەلىكلەرنىڭ زېمىنىدا تۇرغان چېغىدا داۋاملىق شۇنداق قىلاتتى. 12ئاكىش داۋۇتقا ئىشىنەتتى ۋە ئىچىدە: «داۋۇت ئۆز خەلقى ئىسرائىللارغا ئۆزىنى قەبىھ دۈشمەن قىلىپ قويدى. بۇنىڭدىن كېيىن ئۇ مەڭگۈ مېنىڭ خىزمەتكارىم بولۇپ ئۆتىدۇ» دەپ ئويلايتتى.



*27:8 ياكى «بۇ خەلقلەر قەدىمدىن تارتىپ شۇر ۋە مىسىرغىچە بولغان زېمىندا ياشاپ كەلگەنىدى.»



 

28

ئاكىش پادىشاھنىڭ داۋۇتتىن فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قوشۇنىغا قوشۇلۇشىنى تەلەپ قىلىشى

1شۇ كۈنلەردە فىلىستىيەلىكلەر ئىسرائىللار بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن قوشۇنلىرىنى يىغدى. ئاكىش پادىشاھ داۋۇتقا:

_ بىلىۋېلىڭ، سىز ئادەملىرىڭىز بىلەن مەن تەرەپتە تۇرۇپ جەڭ قىلىسىز، _ دېدى.

2_ پېقىرنىڭ قانداق ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىمنى ئەمدى كۆرىسىلە، _ دېدى داۋۇت.

_ ئۇنداق بولسا، سىزنى ئۆزۈمگە مەڭگۈ ياساۋۇل قىلىپ تەيىنلەيمەن، _ دېدى ئاكىش.

سائۇلنىڭ باخشى ئايالدىن مەسلىھەت سورىشى

3سامۇئىل ئالەمدىن ئۆتكەن، پۈتۈن ئىسرائىللار ئۇنىڭغا ماتەم تۇتۇپ، ئۇنى ئۆز يۇرتى راماھتا دەپنە قىلغان چاغلار ئىدى. سائۇل پالچى ۋە باخشىلارنى ئىسرائىلىيەدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتكەنىدى. 4فىلىستىيەلىكلەر يىغىلىپ، شۇنېمدا بارگاھ قۇردى؛ سائۇلمۇ پۈتۈن ئىسرائىللارنى يىغىپ، گىلبوۋادا بارگاھ قۇردى. 5سائۇل فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قوشۇنىنى كۆرۈپ، قاتتىق قورقۇپ كەتتى، ئۇنى ۋەھىمە باستى. 6سائۇل پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلغانىدى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يا چۈش، يا «ئۇرىم» ۋە «تۇممىم»لار*ياكى پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق جاۋاب بەرمىدى. 7شۇڭا ئۇ ئەمەلدارلىرىغا:

_ ماڭا ئەرۋاھ چاقىرالايدىغان بىر ئايال تېپىپ كېلىڭلار، مەن ئۇ ئارقىلىق ئۆلگەنلەردىن سوراپ باقاي، _ دېدى.

_ ئېندوردا ئەرۋاھ چاقىرالايدىغان بىر باخشى ئايال بار، _ دېدى ئەمەلدارلار. 8شۇنداق قىلىپ سائۇل كىيىملىرىنى يەڭگۈشلەپ، تەق-تۇرقىنى ئۆزگەرتىپ، ئىككى ئادىمىنى ئېلىپ، كېچىسى ھېلىقى باخشى ئايالنىڭ قېشىغا باردى. سائۇل ئۇنىڭغا:

_ ئىلتىماس قىلاي، مەن ئۈچۈن ئەرۋاھلاردىن مەسلىھەت سورىسىڭىز، مەن ئىسمىنى ئېيتماقچى بولغان كىشىنىڭ روھىنى چاقىرىپ بەرسىڭىز، _ دېدى.

9_ ئۆزىڭىز سائۇل پادىشاھنىڭ پالچى ۋە باخشىلارنى زېمىنىمىزدىن يوقىتىپ، قوغلاپ چىقىرىۋەتكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن جېنىمنى قەستلەپ، مېنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرمەكچى بولىسىز؟ _ دېدى باخشى ئايال.

10_ مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، سىز بۇ ئىش تۈپەيلى جازاغا تارتىلمايسىز، _ دېدى سائۇل باخشى ئايالغا.

11_ مەن ئۆزىڭىزگە كىمنى چاقىرىپ بېرەي؟ _ دېدى باخشى ئايال.

_ ماڭا سامۇئىلنى چاقىرىپ بەرسىڭىز، _ دېدى سائۇل. 12باخشى ئايال سامۇئىلنى كۆرۈپ قاتتىق ۋارقىرىۋەتتى ۋە سائۇل پادىشاھقا:

_ نېمىشقا مېنى گوللايلا؟ سىلى سائۇل ئىكەنلىغۇ، _ دېدى.

13سائۇل ھېلىقى باخشى ئايالغا:

_ قورقما! نېمىنى كۆرىۋاتىسەن؟ _ دېۋىدى.

باخشى ئايال سائۇلغا:

_ مەن بىر ئەرۋاھنىڭ ئۆلۈكلەر ماكانىدىن چىقىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋاتىمەن، _ دېدى.

14_ ئۇنىڭ تەق-تۇرقى قانداق ئىكەن؟ _ دەپ سورىدى سائۇل.

_ بىر مويسىپىت ئادەم چىقىپ كېلىۋاتىدۇ، ئۇچىسىغا تون كىيىۋاپتۇ، _ دېدى باخشى ئايال.

سائۇل بۇنىڭ سامۇئىل ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتى-دە، يەرگە باش قويۇپ، تەزىم قىلدى.

15_ سەن نېمىشقا مېنى چاقىرىپ ئاۋارە قىلىسەن؟ _ دېدى سامۇئىل.

_ مەن تولىمۇ پەرىشان بولۇپ كېتىۋاتىمەن، _ دېدى سائۇل، _ چۈنكى فىلىستىيەلىكلەر ماڭا قارشى جەڭگە چىقتى، پەرۋەردىگارمۇ مېنى تەرك ئەتتى، ئۇ يا پەيغەمبەرلەر، يا چۈش ئارقىلىق ماڭا جاۋاب بەرمىدى. نۆۋەتتە نېمە قىلىشىم كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەي دەپ، ئۆزۈڭنى چاقىردىم.

16_ پەرۋەردىگار سېنى تاشلاپ، ساڭا دۈشمەن بولغانىكەن، ئەمدى يەنە نېمىدەپ مەندىن مەسلىھەت سوراپ يۈرىسەن؟ 17پەرۋەردىگار مەن ئارقىلىق ئېيتقىنىنى قىلدى. پادىشاھلىقنى قولۇڭدىن تارتىۋېلىپ، داۋۇتقا بەردى. 18سەن پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش قىلىپ، ئامالەكلەرنى تەلتۆكۈس يوقىتىپ، ئۇنىڭ كۈچلۈك غەزىپىنى ئۇلارغا يەتكۈزمىگەنلىكىڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگار سېنى بۇ كۈنگە قويدى. 19پەرۋەردىگار ئەمدى ئىسرائىللارنى سەن بىلەن قوشۇپ فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىدۇ. ئەتە سەنمۇ، ئوغۇللىرىڭمۇ مەن بىلەن بىللە بولىسىلەر. پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيە قوشۇنىنىمۇ فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىدۇ، _ دېدى سامۇئىل.

20سائۇل سامۇئىلنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ شۇنداق قورقۇپ كەتتىكى، يەرگە يىقىلىپ، سۇنايلىنىپ يېتىپ قالدى. ئۇ يەنە كېلىپ بىر كېچە-كۈندۈز غىزا يېمىگەنلىكى ئۈچۈن ھالسىراپ كەتكەنىدى. 21باخشى ئايال سائۇلنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۇنىڭ قاتتىق قورقۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ:

_ قارىسىلا، كەمىنە قۇللىرى گەپلىرىگە كىرىپ، ئۆلۈمگە قارىماي تاپشۇرۇقلىرىنى ئورۇندىدى. 22سىلىمۇ قۇللىرىنىڭ سۆزىگە كىرىپ ئالدىلىرىغا ئاز-پاز غىزا كەلتۈرۈشۈمگە رۇخسەت قىلغايلا، غىزالانسىلا قۇۋۋەتلىنىپ يوللىرىغا ماڭالايلا، _ دېدى.

23سائۇل ئۇنىماي:

_ ياق، يېمەيمەن، _ دېدى.

بىراق ئەمەلدارلىرىنىڭ ۋە باخشى ئايالنىڭ يالۋۇرۇشلىرىدىن كېيىن، ئۇلارغا ماقۇل بولۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ سۇپىغا كېلىپ ئولتۇردى. 24باخشى ئايال ئۆيىدىكى بورداۋاتقان بىر تايىنچىسىنى سويدى. ئاندىن خېمىر يۇغۇرۇپ، پېتىر نان سالدى. 25تائاملارنى سائۇل بىلەن ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ ئالدىغا كەلتۈردى. ئۇلار غىزالىنىپ، شۇ كېچىسىلا يولغا چىقىپ كەتتى.



*28:6 كۆپ تەرەپلىمە ئىزدىنىشلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئىزدىگەن چاغدا تاشلىنىدىغان مۇقەددەس چەك بولۇشى مۇمكىن. «ئۇرىم»نىڭ ئىبرانىي تىلىدىكى مەنىسى «قارغاش» بولۇپ، «بولمايدۇ» دېگەن مەنىنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن. «تۇممىم»نىڭ ئىبرانىي تىلىدىكى مەنىسى «تەلتۆكۈس» بولۇپ، «بولىدۇ» دېگەن مەنىنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن.



 

29

فىلىستىيەلىكلەرنىڭ داۋۇتنى رەت قىلىشى

1فىلىستىيەلىكلەر ھەممە قوشۇنلىرىنى ئافېققا يىغدى، ئىسرائىللار بولسا يىزرىئەلدىكى بۇلاق بويىغا بارگاھ قۇردى. 2فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەگلىرى لەشكەرلىرىنى يۈزگە، مىڭغا بۆلۈپ سەپ تۈزۈپ، ئىلگىرىلەشكە باشلىدى. داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئاكىش بىلەن بىللە ئۇنىڭ قوشۇنىنىڭ ئارقا تەرىپىدە ماڭدى. 3بۇ چاغدا فىلىستىيەلىكلەرنىڭ سەركەردىلىرى:

_ بۇ ئىبرانىيلارغا بۇ يەردە نېمە بار؟ _ دېيىشتى.

_ بۇ ئىسرائىلىيە پادىشاھى سائۇلغا ئەمەلدار بولغان داۋۇتقۇ، خېلىدىن بېرى يېنىمدا يۈرىدۇ. مەن تەرەپكە ئۆتكەندىن بېرى، ئۇنىڭدىن بىرەر سەۋەنلىك كۆرمىدىم، _ دېدى ئاكىش ئۇلارغا.

4فىلىستىيەلىكلەرنىڭ سەركەردىلىرى ئاكىشقا خاپا بولۇپ:

_ بۇ ئادەمنى ئۆزلىرى ئۇنىڭغا ئاجرىتىپ بەرگەن جايغا قايتۇرۇۋەتكەن بولسىلا، ئۇ بىز بىلەن بىرگە جەڭگە كىرسە بولمايدۇ، ئۇ جەڭ مەيدانىدا بىزگە قارشى چىقىدىغان دۈشمەن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئۇ ئۆزىنىڭ خوجىسىنى نېمە بىلەن رازى قىلىدۇ، دەل بىزنىڭ ئادەملىرىمىزنىڭ كاللىسىنى ئېلىش بىلەن رازى قىلىدۇ-دە! 5بۇ داۋۇتقۇ! ئىسرائىلىيەدىكى ئاياللار: «سائۇل قىردى مىڭلاپ-مىڭلاپ، داۋۇت قىردى تۈمەنلەپ-تۈمەنلەپ» دەپ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناشمىغانمىدى؟! _ دېدى.

6ئاكىش داۋۇتنى چاقىرتىپ كېلىپ ئۇنىڭغا:

_ مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، سىز دۇرۇس ئادەم، جەڭگە مەن بىلەن بىللە چىقسىڭىز ياخشى بولاتتى. سىز بۇ يەرگە كەلگەندىن بېرى سىزدە بىرەر سەۋەنلىك كۆرمىدىم، لېكىن باشقا بەگلىرىمىز سىزنى خالىمايدىكەن. 7ئەمدى سىز قايتىڭ، ئامان-ئېسەن قايتىپ كېتىڭ، بەگلىرىمىزنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ قويماڭ، _ دېدى.

8_ پېقىر نېمە خاتا ئىش قىلىپتۇ؟ _ دېدى داۋۇت، _ مەن سىلى تەرەپكە ئۆتكەن كۈندىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە مەندىن ھېچبىر سەۋەنلىك تاپالمىغان تۇرسىلا، نېمىشقا پادىشاھ ئالىيلىرى بىلەن بىللە دۈشمەنلىرىگە قارشى جەڭ قىلسام بولمايدىكەن؟

9_ بىلىمەن، سىز مېنىڭ نەزىرىمدە خۇددى خۇدانىڭ پەرىشتىسىدەك ياخشى ئادەمسىز، ئەمما فىلىستىيەلىك سەركەردىلىرىمىز: «بۇ كىشى بىز بىلەن بىللە جەڭگە چىقسا بولمايدۇ» دەپ قارار چىقاردى. 10شۇڭا سىز ۋە سىزگە ئەگىشىپ كەلگەنلەر ئەتە سەھەر تۇرۇپ، تاڭ ئېتىشى بىلەنلا بۇ يەردىن كېتىڭلار، _ دەپ جاۋاب بەردى ئاكىش.

11شۇ سەۋەبتىن داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى سەھەر تۇرۇپ يولغا چىقىپ، فىلىستىيەلىكلەر زېمىنىغا قايتتى. فىلىستىيەلىكلەر بولسا يىزرىئەلگە قاراپ ئاتلاندى.


30

ئامالەكلەرنىڭ زىقلاق شەھىرىنى تالان-تاراج قىلىشى

1داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئۈچىنچى كۈنى زىقلاق شەھىرىگە يېتىپ كەلدى. بۇ چاغدا ئامالەكلەر يەھۇدا زېمىنىنىڭ جەنۇبىغا ھۇجۇم قىلغانىدى ۋە زىقلاق شەھىرىگە ئوت قويۇپ، شەھەرنى تالان-تاراج قىلغانىدى. 2شەھەردىكى ئاياللارنى، مەرتىۋىسى يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولسۇن، ھەممىسىنى ئوغۇل-قىزلىرى بىلەن قوشۇپ ئەسىر قىلىپ، بىرىنىمۇ ئۆلتۈرمەي، ئۆزلىرى بىلەن ئېلىپ كەتكەنىدى. 3داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى بۇ شەھەرگە كەلگەندە، شەھەرنىڭ كۆيدۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى، ئاياللىرى بىلەن ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ ئەسىر قىلىنىپ كېتىلگەنلىكىنى كۆرۈپ، 4ھۆڭرەپ يىغلاپ ھالى قالمىدى. 5داۋۇتنىڭ ئىككى ئايالى ئاخىنوئام ۋە ئابىگالمۇ ئەسىر قىلىنغانىدى. 6داۋۇت قاتتىق قىيىنچىلىقتا قالدى، چۈنكى كۆپچىلىك ئۆزلىرىنىڭ ئوغۇل-قىزلىرى ئۈچۈن ئەلەمدە قېلىپ، ھەسرەت چەكمەكتە ئىدى، ئۇلار داۋۇتنى چالما-كېسەك قىلايلى، دېيىشكەنىدى. داۋۇت بولسا ئۆز پەرۋەردىگارى خۇدادىن مەدەت تاپتى.

داۋۇتنىڭ ئامالەكلەردىن ئۆچ ئېلىشى

7داۋۇت خۇدانىڭ ئىرادىسىنى بىلىش ئۈچۈن ئاخىمەلەكنىڭ ئوغلى روھانىي ئەبىياتارغا:

_ ئېفودنى ئەكەل، _ دېدى.

ئەبىياتار ئېفودنى داۋۇتقا ئەكېلىپ بەردى. 8داۋۇت پەرۋەردىگاردىن:

_ مەن بۇ قاراقچىلارنى قوغلاپ بارسام بولارمۇ، ئۇلارنى تۇتالارمەنمۇ؟ _ دەپ سورىغانىدى.

پەرۋەردىگاردىن:

_ قوغلا، چوقۇم تۇتالايسەن ھەم ئەسىرلەرنى قۇتقۇزالايسەن، _ دېگەن جاۋاب كەلدى.

9-10شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ئالتە يۈز كىشى يولغا ئاتلاندى. ئۇلار بىسور جىلغىسىغا يېتىپ كەلگەندە، ئىككى يۈز ئادەم ھېرىپ قالغانلىقتىن جىلغىدىن ئۆتەلمەي شۇ يەردە قالدى، داۋۇت بولسا تۆت يۈز ئادەمنى باشلاپ داۋاملىق ئىلگىرىلىدى. 11داۋۇتنىڭ ئادەملىرى دالادا مىسىرلىق بىر ئادەمنى ئۇچرىتىپ، ئۇنى داۋۇتنىڭ قېشىغا ئېلىپ كەلدى ۋە ئۇنىڭغا يېمەك-ئىچمەك 12ھەم بىر ئوچۇم قۇرۇتقان ئەنجۈر ۋە ئىككى ئوچۇم كىشمىش بەردى. غىزالانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ تېنىگە ماغدۇر كىردى. ئۇ ئۈچ كېچە-كۈندۈز ئاغزىغا ھېچنېمە سالمىغانىدى. 13داۋۇت ئۇنىڭدىن:

_ سەن كىمنىڭ ئادىمىسەن، قەيەرلىكسەن؟ _ دەپ سورىغانىدى، ئۇ:

_ مەن مىسىرلىقمەن، ئامالەكلەردىن بولغان بىر ئادەمنىڭ قۇلىمەن. بۇنىڭدىن ئۈچ كۈن ئىلگىرى كېسەل بولۇپ قالغانىدىم، خوجايىنىم مېنى دالادا تاشلاپ كەتتى. 14بىز كىرېتلەر، كالىب ۋە يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر تۇرغان يەھۇدا چۆلىدىكى شەھەرلەرگە ھۇجۇم قىلىپ كىرگەنىدۇق ھەم زىقلاق شەھىرىگە ئوت قويۇۋەتكەنىدۇق، _ دەپ جاۋاب بەردى.

15داۋۇت ئۇنىڭدىن:

_ سەن مېنى ئاشۇ قاراقچىلارنىڭ يېنىغا باشلاپ بارالامسەن؟ _ دەپ سورىغانىدى، ئۇ:

_ مېنى ئۆلتۈرمەسلىككە ھەم خوجايىنىمغا تاپشۇرۇپ بەرمەسلىككە پەرۋەردىگار ئالدىدا قەسەم ئىچسىلە، مەن سىلىنى ئاشۇ قاراقچىلارنىڭ يېنىغا باشلاپ باراي، _ دېدى.

16شۇنىڭ بىلەن ئۇ مىسىرلىق داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنى ئامالەكلەرنىڭ يېنىغا باشلاپ ماڭدى. قاراقچىلار ھەممە يەرلەرگە يېيىلىپ، فىلىستىيەلىكلەر ۋە يەھۇدا زېمىنىدىن قولغا چۈشۈرگەن كاتتا ئولجىلاردىن خۇش بولۇپ، يەپ-ئىچىشىپ، ئولجىلارغا ئېرىشكەنلىكلىرىنى تەبرىكلىشىۋاتاتتى. 17داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئەتىسى كۈن چىقىشى بىلەن ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىپ، بىر كۈن كەچكىچە ئۇلارنى شۇنداق قىردىكى، تۆگىگە مىنىپ قاچقان تۆت يۈز يىگىتتىن باشقا ھېچكىم قېچىپ قۇتۇلالمىدى.

18داۋۇت ئامالەكلەر ئەسىرگە ئالغان بارلىق ئادەملەر بىلەن، ئولجا قىلغان مال-مۈلۈكلەرنىڭ ھەممىسىنى قايتۇرۇۋالدى، جۈملىدىن ئىككى ئايالىنىمۇ قۇتقۇزۇۋالدى. 19ئۇ ئەسىر قىلىنغان ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ ھەممىسىنى ۋە ئولجا قىلىنغان مال-مۈلۈكلەرنىڭ ھەتتا بىرىنىمۇ قالدۇرماي قايتۇرۇۋالدى. 20داۋۇت قوي-كالا پادىلىرىنىمۇ ئولجا ئالدى. ئۇلارنى ئۇنىڭ ئادەملىرى ئالدىغا سېلىپ ھەيدەپ، «بۇ داۋۇتنىڭ ئولجىلىرى» دەپ توۋلاشتى.

ئولجا بۆلۈش نىزامىنىڭ بېكىتىلىشى

21شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت ھېرىپ-چارچىغانلىقىدىن ئۆزى بىلەن ماڭالماي، بىسور جىلغىسىدا قېلىپ قالغان ئىككى يۈز ئادەمنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدى. ئۇلار داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنىڭ ئالدىغا چىقتى، داۋۇت كۆپچىلىككە يېقىنلاپ كېلىپ ئۇلارغا سالام قىلدى. 22لېكىن داۋۇت بىلەن بارغانلارنىڭ ئىچىدىكى يارىماس، يامان ئادەملەر:

_ ئۇلار بىز بىلەن بارمىغاندىكىن، بىز ياندۇرۇۋالغان ئولجىدىن ئۇلارغا بۆلۈپ بەرمەيلى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ خوتۇن، بالا-چاقىلىرىنىلا ئېلىپ كەتسۇن، _ دېيىشتى.

23_ ھەي بۇرادەرلەر، بىزنى ئامان ساقلاپ، قاراقچىلارنى قولىمىزغا تاپشۇرغان پەرۋەردىگار بىزگە ئىنئام قىلغان مالنى ئۇلارغا بۆلۈپ بەرمىسەك بولمايدۇ. 24سىلەرنىڭ بۇ گېپىڭلارغا كىم قۇلاق سالىدۇ؟ جەڭگە چىققانلار بىلەن ياراغ-جابدۇقلارغا قاراشقا قالغانلارنىڭ ئۈلۈشى ئوخشاشتۇر، ھەممە نەرسە تەڭ بۆلۈنسۇن، _ دېدى داۋۇت ۋە 25دېگەنلىرىنى ئىسرائىلىيەنىڭ نىزامى قىلىپ بېكىتتى. ئۇشبۇ نىزام تاكى ھازىرغىچە داۋام قىلىپ كەلمەكتە.

26داۋۇت زىقلاق شەھىرىگە قايتىپ كەلگەندە، ئولجىدىن دوستلىرىغا، يەنى يەھۇدا ئاقساقاللىرىغا ئەۋەتىپ: «بۇ بىزنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ دۈشمەنلىرىدىن ئالغان ئولجىمىز، سىلەرگە تارتۇق بولسۇن» دېدى ۋە 27ئولجىدىن بەيتەل، يەھۇدا زېمىنىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان راموت، ياتتىر، 28ئاروئېر، سىفموت، ئەشتىموۋا 29ۋە راكال دېگەن يەرلەرنىڭ، شۇنداقلا يىراخمىئېللار ۋە قېنلار ياشايدىغان ھەرقايسى شەھەرلەرنىڭ ۋە 30خورماھ، بورئاشان، ئاتاك، 31ھىبرون دېگەن يەرلەرنىڭ ئاقساقاللىرىغا ئەۋەتتى. داۋۇت ئۆز ئادەملىرى بىلەن كېزىپ چىققان ھەممە يەرلەرنىڭ ئاقساقاللىرىغا تارتۇق ئەۋەتتى.


31

سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ۋاپات بولۇشى

1فىلىستىيەلىكلەر ئىسرائىللار بىلەن جەڭ قىلىشتى. نۇرغۇن ئىسرائىللار گىلبوۋا تېغىدا قازا قىلدى، قالغانلىرى فىلىستىيەلىكلەردىن قاچتى. 2فىلىستىيەلىكلەر سائۇل بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ، ئاخىرى سائۇلنىڭ ئوغۇللىرىدىن يوناتان، ئابىناداب، مالكىشۇۋالارنى ئۆلتۈردى. 3سائۇلنىڭ ئەتراپىدا جەڭ ئەۋجىگە چىقتى، شۇ پەيتتە سائۇل دۈشمەن ئوقياچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىلىپ، قاتتىق يارىلاندۇرۇلدى. 4سائۇل ئۆزىنىڭ قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە:

_ قىلىچىڭنى سۇغۇر، مېنى ئۆلتۈرۈۋەت، ئاۋۇ خەتنىسىزلەر كېلىپ، ماڭا قىلىچ سانجىپ مېنى خورلىمىسۇن، _ دېدى.

قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچى قاتتىق قورقۇپ كەتكىنىدىن ئۇنداق قىلىشقا ئۇنىمىدى. سائۇل ئۆزىنىڭ قىلىچىنى سۇغۇرۇپ چىقىرىپ، ئۆزىنى قىلىچ ئۈستىگە تاشلىدى. 5قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچى سائۇلنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇمۇ ئۆزىنى قىلىچى ئۈستىگە تاشلاپ ئۆلدى.

6شۇنىڭ بىلەن سائۇل، ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلى، قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسى ۋە بارلىق ئادەملىرى شۇ بىر كۈن ئىچىدە بىللە ئۆلدى. 7يىزرىئەل جىلغىسىنىڭ قارشى تەرىپىدە ۋە ئىئوردان دەرياسىنىڭ نېرىسىدا تۇرۇۋاتقان ئىسرائىللار ئىسرائىلىيە لەشكەرلىرىنىڭ قاچقانلىقىنى، سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرۈپ، شەھەرلىرىنى تاشلاپ قاچتى. ئاندىن فىلىستىيەلىكلەر كېلىپ ئۇ شەھەرلەرگە ئولتۇراقلىشىپ قالدى.

سائۇل ۋە ئوغۇللىرىنىڭ جەسەتلىرىنىڭ كۆيدۈرۈلۈشى

8ئەتىسى فىلىستىيەلىكلەر ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى سالدۇرۇۋېلىشقا كەلگەندە، سائۇل بىلەن ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلىنىڭ گىلبوۋا تېغىدا ئۆلۈك ھالدا ياتقانلىقىنى كۆرۈپ، 9سائۇلنىڭ كاللىسىنى كېسىۋېلىپ، ساۋۇت-دۇبۇلغىلىرىنى سالدۇرۇۋالدى. فىلىستىيەلىكلەر ئۆز زېمىنىنىڭ ھەر تەرىپىگە چاپارمەنلەرنى ئەۋەتىپ، ئۆز بۇتخانىلىرىغا ۋە خەلققە خۇش خەۋەرنى يەتكۈزدى. 10ئۇلار سائۇلنىڭ ساۋۇت-دۇبۇلغىلىرىنى ئاشتورەت دېگەن ئايال ئىلاھنىڭ بۇتخانىسىغا قويۇپ، جەسىتىنى بەيتشان شەھىرىنىڭ سېپىلىغا مىخلاپ قويدى. 11گىلئادتىكى يابېش شەھىرىنىڭ ئاھالىسى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ سائۇلغا قىلغانلىرىنى ئاڭلىغاندا، 12ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەممە باتۇرلار بىر كېچە يول مېڭىپ، سائۇل بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ جەسەتىنى بەيتشاننىڭ سېپىلىدىن ئېلىپ چۈشۈپ، يابېشقا ئاپىرىپ، ئۇ يەردە كۆيدۈردى. 13ئاندىن ئۇلار سۆڭەكلىرىنى ئېلىپ، يابېشتا بىر يۇلغۇن دەرىخىنىڭ تۈۋىگە دەپنە قىلىپ، يەتتە كۈن روزا تۇتتى.