«سامۇئىل 1- قىسىم»

قىسقىچە چۈشەندۈرۈش

مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 15- ئەسىردە مۇسا پەيغەمبەر ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، پەرۋەردىگار ئۇلارغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىنغا باشلاپ بارىدۇ. ۋەھالەنكى، ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا ئىزچىل ھالدا ئىشەنمەي كەلگەچكە، ئۇلارنىڭ ئۇ زېمىنغا كىرىشىگە 40 يىل ۋاقىت كېتىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا مۇسا پەيغەمبەر ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ، ئىسرائىللارغا يوشۇۋا دېگەن ئادەم باشچىلىق قىلىپ، ئۇلارنى پەرۋەردىگار ۋەدە قىلغان زېمىنغا ئېلىپ كىرىدۇ. ئىسرائىللار ئۇ زېمىننى ئىگىلەپ بولغاندىن كېيىن، يوشۇۋامۇ ئالەمدىن ئۆتىدۇ ۋە كېيىنچە ئىسرائىللارغا خۇدا تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن سەردارلار يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

مۇقەددەس كىتابنىڭ «سامۇئىل» قىسمىدىن سامۇئىل پەيغەمبەر، سائۇل پادىشاھ ۋە داۋۇت پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتى ھەققىدىكى بايانلارنى تاپالايسىز.

سامۇئىل پەيغەمبەر ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىنىڭ تىكلىنىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان پەيغەمبەردۇر. ئۇنىڭ تەسىرى ئاستىدا، ئىسرائىللار ئايرىم-ئايرىم سەردارلار تەرىپىدىن يېتەكچىلىك قىلىنىدىغان، ئۆز ئارا مۇناسىۋەتلىرى يىراق بولغان ئون ئىككى قەبىلىدىن تەركىب تاپقان خەلقتىن، بىرلا پادىشاھ تەرىپىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىنىدىغان، بىرلىككە كەلگەن خەلققە ئايلانغان. بۇ ۋەقەلەر مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 11-ئەسىردە يۈز بەرگەن. سامۇئىل پەيغەمبەر ئىسرائىللارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى سەردارىدۇر.

پەرۋەردىگار سامۇئىل پەيغەمبەرگە سائۇلنى پادىشاھ قىلىپ تىكلەشنى ئېيتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سائۇل ئىسرائىلىيەنىڭ بىرىنچى پادىشاھى بولىدۇ. كېيىنچە سائۇل پەرۋەردىگارغا بويسۇنمىغاچقا، پەرۋەردىگار سامۇئىل پەيغەمبەرگە سائۇلنىڭ ئەۋلادىدىن بولمىغان داۋۇتنى ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ قىلىپ تىكلەشنى بۇيرۇيدۇ.

گەرچە سامۇئىل داۋۇتنى پادىشاھلىققا تەيىنلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇرۇشىغا نۇرغۇن يىللار كېتىدۇ. داۋۇت بۇ يىللارنى ناھايىتى ئېغىر جاپا-مۇشەققەتلەر بىلەن ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۇ جاپا-مۇشەققەتلەر جەريانىدا ئۇنىڭ خۇداغا باغلىغان ئۈمىدى ئۈزۈلمەيدۇ. بەرھەق، خۇدا ئۇنىڭغا مەدەت بېرىپ، ئۇنى قوغدايدۇ.

 مۇقەددەس كىتابنىڭ «سامۇئىل ئىككىنچى قىسمى»دا سائۇل پادىشاھنىڭ ئۆلۈمى ۋە داۋۇت پەيغەمبەرنىڭ ئالدى بىلەن يەھۇدا قەبىلىسىگە، ئاندىن پۈتكۈل ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولغانلىقى تەسۋىرلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە داۋۇت پادىشاھنىڭ خۇداغا تايىنىپ، ئىسرائىللارنىڭ دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، ئىسرائىلىيە تارىخىدىكى دانىشمەن، ئادالەتلىك ۋە ئەڭ ئۇلۇغ پادىشاھ بولغانلىقى ئاجايىپ تەسىرلىك ھالدا بايان قىلىنىدۇ. گەرچە داۋۇت پەيغەمبەر ئۇلۇغ پادىشاھ بولغان بولسىمۇ، ئۇمۇ ئېغىر گۇناھلارنى ئۆتكۈزىدۇ. ئۇنىڭ سائۇل پادىشاھتىن پەرقلىق يېرى شۇكى، خۇدا ئۇنىڭغا گۇناھلىرىنى كۆرسىتىپ بەرگەندە، ئۇ توۋا قىلىدۇ (سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم، 12-باب، 12‏-، 13-ئايەتلەر). ئۇنىڭ گۇناھلىرى ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، مېھىر-شەپقەتلىك خۇدا ئۇنى كەچۈرۈپ، پادىشاھلىقتىن ئېلىپ تاشلىمايدۇ. داۋۇت پەيغەمبەر ئىزچىل ھالدا خۇداغا تايىنىپ ياشىغان زات بولۇپ، پەرۋەردىگارنى خۇرسەن قىلىشتا ئۇنىڭ ھاياتى باشقىلارغا ئۈلگە بولىدۇ. مۇقەددەس كىتابنىڭ «سامۇئىل» قىسمى پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىل خەلقى بىلەن قانداق مۇناسىۋەتتە بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان تارىخىي پاكىتتۇر. «سامۇئىل» بىزگە ئىگىمىز خۇدانىڭ قۇدرىتىنى، ھەققانىيىتىنى ۋە مېھىر-مۇھەببىتىنى كۆرسىتىپلا قالماستىن، بەلكى سامۇئىل پەيغەمبەر، داۋۇت پادىشاھ ۋە باشقىلارنىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق، بىزنىڭ خۇدا بىلەن، شۇنداقلا بىر-بىرىمىز بىلەن قانداق مۇناسىۋەتتە بولۇشىمىز كېرەكلىكىنى ئۆگىتىدۇ.

كىتابتىكى «تاكى ھازىرغىچە» دېگەن ئىبارە بىز ياشاۋاتقان بۈگۈنكى دەۋرنى ئەمەس، بەلكى شۇ تارىخىي ۋەقەلىك يېزىلىۋاتقان ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ.

تېزىس:

1. سامۇئىل پەيغەمبەر («سامۇئىل 1-قىسىم» 1-بابتىن 7-بابقىچە)

2. سامۇئىل پەيغەمبەر ۋە سائۇل پادىشاھ («سامۇئىل 1-قىسىم» 8-بابتىن 15-بابقىچە)

3. سائۇل پادىشاھ، ئوغلى يوناتان ۋە داۋۇت پادىشاھ («سامۇئىل 1-قىسىم» 16-بابتىن «سامۇئىل 2-قىسىم» 1-بابقىچە)

4. داۋۇت پادىشاھ («سامۇئىل 2-قىسىم» 2-بابتىن 20-بابقىچە)

5. داۋۇت پادىشاھنىڭ ئاخىرقى يىللىرى («سامۇئىل 2-قىسىم» 21-بابتىن 24-بابقىچە)