پەند–نەسىھەتلەر


1

پەند-نەسىھەتلەرنىڭ قىممىتى

1داۋۇت پادىشاھنىڭ ئوغلى، ئىسرائىلىيە پادىشاھى سۇلايماننىڭ پەند-نەسىھەتلىرى:

2بۇ پەند-نەسىھەتلەر دانالىق ۋە تەلىم-تەربىيىگە ئىگە قىلار سېنى،

يېشەر ئىبرەتلىك سۆزلەرنىڭ چوڭقۇر مەنىسىنى؛

3تەربىيىلەر سېنى ئاقىلانىلىك بىلەن ياشاشقا،

ھەققانىي، ئادىل ۋە دۇرۇس بولۇشقا؛

4چېچەن قىلار گول ئادەملەرنى،

بىلىملىك ۋە پەم-پاراسەتلىك قىلار ياشلارنى.

5ئاڭلاپ بۇلارنى دانالار تېخىمۇ دانا بولسۇن،

زېرەكلەر ئاقىلانە مەسلىھەتكە ئېرىشسۇن.

6چۈشەنگىلى بولار بۇ پەند-نەسىھەتلەردىن ئەقلىيە سۆزلەرنى،

تەمسىللەرنى، ئاقىللارنىڭ ھېكمەتلىرى ۋە تېپىشماقلىرىنى.

7پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ئەقىل-ئىدراكنىڭ باشلىنىشىدۇر.

ئەخمەقلەر دانالىق ۋە تەلىم-تەربىيىنى كەمسىتىدۇ.

ياشلارغا نەسىھەت

8ئەي ئوغلۇم، تەربىيىسىگە قۇلاق سال ئاتاڭنىڭ،

تەلىمىگە بىپەرۋالىق قىلما ئاناڭنىڭ.

9ئۇلارنىڭ تەلىم-تەربىيىسى بېشىڭغا تاقالغان تاجدۇر،

بوينۇڭغا ئېسىلغان ئالتۇن زەنجىردۇر.

10ئەي ئوغلۇم، ئەگەر سېنى گۇناھكارلار ئازدۇرسا،

ئەگەشمىگىن ئۇلارغا.

11ئەگەر ئۇلار:«كەل، بىزگە قوشۇل، تۇزاق قۇرايلى جان ئېلىشقا،

بىرەر بىگۇناھنى سەۋەبسىزلا پايلاپ تۇرايلى تۇتۇشقا.

12ئۆلۈكلەر ماكانىدەك تىرىك يۇتايلى بىز گۇناھسىزلارنى،

گۆرگە چۈشۈپ كەتكەندەك يوقىتايلى ئۇ ساغلام ئادەملەرنى.

13تارتىپ ئالايلى شۇ چاغ خىلمۇخىل قىممەتلىك مال-دۇنيانى،

ئالغان ئولجا بىلەن تولدۇرايلى ئۆيلىرىمىزنى.

14بىزگە شېرىك بول، تاپقىنىمىز ئورتاق بولسۇن» دېسىمۇ،

15ئەي ئوغلۇم، يولىغا كىرمە ئۇلارنىڭ، باسما بىر قەدەممۇ.

16چۈنكى ئېتىشىدۇ ئۇلار ئۆزلىرىنى يامانلىققا،

ئالدىرىشىدۇ ھەم قان تۆكۈشكە.

17قۇش تۇيۇپ قالغاندا تور يېيىش بىھۇدە ئاۋارىچىلىكتۇر،

18لېكىن شۇ يامانلار دەل ئۆز ئۆزىگە ئەجەللىك تۇزاق قويىدۇ،

ئۆز جېنىغا زامىن بولىدىغان ئورا كولايدۇ.

19ھارام مال-دۇنياغا ھېرىس ئادەملەرنىڭ ئاقىۋىتى شۇكى،

ئالىدۇ بۇ ھارام مال-دۇنيا ئۇلارنىڭ جېنىنى.

دانالىقنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى

20دانالىق چاقىرماقتا كوچىلاردا، ئاۋازى ياڭرىماقتا بازارلاردا،

21ئۈندىمەكتە ئاۋات جايلاردا،

ۋەز ئېيتماقتا شەھەر دەرۋازىلىرىنىڭ ئالدىدا:

22_ ئەي نادانلار، قاچانغىچە نادانلىقتا يۈرىسىلەر؟

ئەي مازاقچىلار، قاچانغىچە مازاق قىلىشتىن ھۇزۇر ئالىسىلەر؟

ئەي ئەقىلسىزلەر، قاچانغىچە بىلىمدىن نەپرەتلىنىسىلەر؟

23تەنبىھلىرىمگە قۇلاق سالغان بولساڭلار،

سىلەرگە تۆكۈپ بېرەتتىم قەلبىمدىكىنى،

سىلەر بىلەن ئورتاقلىشاتتىم ئوي-پىكىرلىرىمنى.

24لېكىن مېنى رەت قىلدىڭلار چاقىرغىنىمدا،

ھېچقايسىڭلار ئىلىك ئالمىدىڭلار قولۇمنى ئۇزاتقىنىمدا.

25پەرۋا قىلمىدىڭلار نەسىھەتلىرىمنىڭ ھېچقايسىسىغا،

خالىمىدىڭلار قۇلاق سېلىشنى تەنبىھلىرىمگە.

26شۇڭا كۈلىمەن بالايىئاپەتكە يولۇققىنىڭلاردا،

سىلەرنى مەسخىرە قىلىمەن ۋەھىمىگە چۈشكىنىڭلاردا،

27بوراندەك كەلگەن ۋەھىمىدە قالغىنىڭلاردا،

بالايىئاپەت قۇيۇندەك يېتىپ كەلگىنىدە،

ئازاب ۋە قايغۇ سىلەرنى مۇپتىلا قىلغىنىدا.

28چاقىرىسىلەر يالۋۇرۇپ شۇ چاغ مېنى،

لېكىن بەرمەسمەن سىلەرگە جاۋاب.

ھەرقانچە ئىزدىسەڭلارمۇ تاپالمايسىلەر مېنى.

29چۈنكى نەپرەتلەندىڭلار سىلەر بىلىمدىن،

تاللىمىدىڭلار ئەيمىنىشنى خۇدادىن.

30قوبۇل قىلمىدىڭلار مېنىڭ نەسىھەتلىرىمنى،

مەنسىتمىدىڭلار بارلىق تەنبىھلىرىمنى.

31شۇڭا سىلەر ئۆز بېشىڭلارنى يەيسىلەر،

ئۆزۈڭلار كولىغان ئورىغا ئۆزۈڭلار چۈشىسىلەر.

32بەرھەق، ئۆز جېنىغا زامىن بولىدۇ نادانلار مېنى رەت قىلغانلىقتىن،

ئۆزلىرىنى ھالاك قىلىدۇ ھاماقەتلەر بىغەملىكىدىن.

33بىراق، ماڭا قۇلاق سالغانلار ئامان-ئېسەن ياشايدۇ،

يامانلىقنىڭ ۋەھىمىسىدىن خالىي، خاتىرجەم بولىدۇ. 


2

دانالىقنىڭ ئاتا قىلىدىغانلىرى

1ئەي ئوغلۇم، ئەگەر قوبۇل قىلساڭ سۆزلىرىمنى،

قەلبىڭدە ساقلىساڭ بۇيرۇقلىرىمنى،

2قۇلاق سالساڭ دانالىققا،

كۆڭۈل قويساڭ ئەقىل-ئىدراكقا،

3خىتاب قىلساڭ پاراسەتكە تەشنا بولۇپ،

چاقىرىساڭ ئەقىل-ئىدراكنى تەلمۈرۈپ،

4قازساڭ دانالىقنى ئالتۇن-كۈمۈش قازغاندەك،

ئىزدىسەڭ ئۇنى يوشۇرۇن خەزىنە ئىزدىگەندەك،

5شۇ چاغدا پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىشنى بىلىسەن،

خۇدانى ھەقىقەتەن تونۇيالايسەن.

6چۈنكى پەرۋەردىگار دانالىق ئاتا قىلغۇچىدۇر.

بىلىم بىلەن ئەقىل-ئىدراك ئۇنىڭ سۆزىدىن كېلۇر.

7ئۇ ساقلاپ قويغاندۇر ياخشىلىقلارنى دۇرۇسلارغا،

ئۆزى قالقاندۇر دىيانەت يولىدا ماڭغانلارغا.

8يولىنى قوغدايدۇ ئۇ ئادىللىقنى ياقلىغۇچىلارنىڭ،

ساقلايدۇ ئۇ يولىنى سادىق بەندىلىرىنىڭ.

9شۇ چاغ ھەققانىيلىق، ئادىللىق ۋە دۇرۇسلۇقنى تونۇيسەن،

بۇ ياخشى يوللارنى چۈشىنىسەن.

10چۈنكى ئورۇن ئالىدۇ دانالىق قەلبىڭدىن،

كۆڭلۈڭ يايرايدۇ بىلىمدىن.

11قوغدايدۇ سېنى پەم-پاراسىتىڭ،

مۇھاپىزەت قىلىدۇ ھەم ئەقىل-ئىدرىكىڭ،

12شۇندا دانالىق قۇتۇلدۇرىدۇ سېنى يامان يولدىن،

تىلىنىڭ ئاستىدا تىلى بارلاردىن،

13ئۇنداقلار توغرا يولنى تاشلاپ، زۇلمەتتە ياشار،

14يامانلىق قىلىشتىن خۇشاللىنار،

رەزىللىكنىڭ نىجىسلىقىدىن شادلىنار،

15ئەگرى يولدا مېڭىپ ساختىپەزلىك قىلار.

16دانالىق ساقلار سېنى زىناخور ئايالدىن،

شېرىن-شېكەر سۆزلۈك، بۇزۇق خوتۇندىن.

17بۇنداق خوتۇن تاشلار ياشلىقىدا تەگكەن جورىسىنى،

ئۇنتۇپ قالار ئۇ خۇدا ئالدىدا قىلغان ئەھدىسىنى.

18ئۆلۈمگە ئاپىرىدىغان يولدۇر ئۇنىڭ ئۆيى،

ئەرۋاھلار ماكانىغا باشلار ئۇنىڭ يولى.

19ئۇنىڭ يېنىغا بارغانلارنىڭ بىرىمۇ قايتالماس،

ھاياتلىق يولىغا ھەم يېتەلمەس.

20سەن ماڭ ياخشىلارنىڭ ئىزىدىن،

چىقما ھەققانىيلارنىڭ يولىدىن.

21چۈنكى يېرىمىزدە ماكانلىشار دۇرۇسلار،

قېلىپ قالار دىيانەتلىكلەر.

22لېكىن ئۇ يەردىن تارمار قىلىنار يامانلىق قىلغۇچىلار.

يۇلۇپ تاشلىنار ۋاپاسىزلار. 


3

ياشلارغا يول-يورۇق

1ئەي ئوغلۇم، ئۇنتۇما تەلىمىمنى،

چىڭ ساقلا قەلبىڭدە بۇيرۇقلىرىمنى.

2ئۆمۈر قوشار ئۇلار ئۆمرۈڭگە،

ئامان-ئېسەنلىك ئېلىپ كېلەر ھاياتىڭغا.

3مېھرىبانلىق ۋە ساداقەتنى تاشلىما،

ئۇلارنى مارجاندەك ئېسىۋال بوينۇڭغا،

پۈتۈۋال قەلبىڭنىڭ چوڭقۇر قېتىغا.

4تاپىسەن ھىممەت ۋە ئىززەت شۇ چاغدا،

خۇدانىڭ ھەم ئادەملەرنىڭ نەزىرىدە.

5ئىشەنمەي ئۆز ئەقلىڭگە،

ئىشەن پۈتۈن قەلبىڭ بىلەن پەرۋەردىگارغا،

6ياد ئەت پەرۋەردىگارنى ھەر ئىشتا،

ئوچۇق قىلار يولۇڭنى ئۇ شۇندا.

7ئۆزۈڭنى ئەقىللىق دەپ سانىما،

پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىپ، يامانلىققا يولىما.

8شۇنداق قىلساڭ، ساغلام بولار تېنىڭ،

يىلىككە تولار سۆڭەكلىرىڭ.

9ئۇلۇغلا پەرۋەردىگارنى، ئاتاپ مال-دۇنيايىڭنى،

ھەدىيە قىلىپ ئۇنىڭغا ھوسۇلۇڭنىڭ باش بۇرنىنى.

10شۇندا تولۇپ تاشار ئامبارلىرىڭ ئاشلىققا،

شاراب ئىدىشلىرىڭ يېڭى شارابقا.

11ئەي ئوغلۇم، باش تارتما پەرۋەردىگارنىڭ تەربىيىسىدىن،

بىزار بولما ئۇنىڭ تەنبىھىدىن.

12چۈنكى ئاتا تەربىيىلىگەندەك ئەتىۋارلىق ئوغلىنى،

پەرۋەردىگارمۇ تەربىيىلەر سۆيگەنلىرىنى.

13دانالىققا ئېرىشكەنلەر، ئەقىل-ئىدراك تاپقانلار بەختلىكتۇر!

14دانالىق كەلتۈرگەن پايدا كۈمۈشنىڭكىدىنمۇ ئارتۇقتۇر،

ئالتۇندىن ئالغان مەنپەئەتتىنمۇ ئەۋزەلدۇر.

15ئۇ لەئەل-ياقۇتلاردىن قىممەتلىكتۇر،

ھەرقانداق ئارزۇلۇق نەرسەڭ ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمەستۇر.

16باردۇر ئۇزۇن ئۆمۈر دانالىقنىڭ ئوڭ قولىدا،

بايلىق ۋە شۆھرەت ئۇنىڭ سول قولىدا.

17بېغىشلار دانالىق يولى شاد-خۇراملىق ساڭا،

يېتەكلەر ئۇ سېنى ئامانلىققا.

18دانالىقنى تۇتۇپ تۇرغۇچىلار ئۈچۈن ئۇ ھاياتلىق دەرىخىدۇر،

دانالىقنى مەھكەم تۇتقانلارنىڭ ھەممىسى بەختلىكتۇر.

19پەرۋەردىگار دانالىقى بىلەن ياراتتى زېمىننى،

ئەقلى بىلەن بەرپا قىلدى ئاسماننى.

20پەرۋەردىگارنىڭ دانالىقى بىلەن چوڭقۇر قايناملار ئېتىلدى،

بۇلۇتلار شەبنەم پۈركىدى.

21ئەي ئوغلۇم، چىڭ تۇت دانالىق ۋە پەم-پاراسەتنى،

كۆز ئالدىڭدىن ھەرگىز يوقاتما ئۇلارنى.

22ئۇلار ھايات بەخش ئېتەر جېنىڭغا،

بېزەك بولۇپ ئېسىلار بوينۇڭغا.

23شۇ چاغ يولۇڭدا يۈرىسەن تىنچ-ئامان،

پۇتلىشىپ كەتمەيسەن ھېچقاچان.

24ياتقاندا ھېچنېمىدىن قورقمايسەن،

يېتىپلا تاتلىق ئۇخلايسەن.

25قورقما تۇيۇقسىز كەلگەن خەۋپتىن،

رەزىللەرنىڭ بېشىغا كەلگەن ۋەيرانچىلىقتىن.

26چۈنكى تايانچىڭدۇر پەرۋەردىگار،

ئۇ پۇتلىرىڭنى تۇزاقلارغا چۈشۈشتىن ساقلار.

27ئەگەر كەلسە ياخشىلىق قىلىش قولۇڭدىن،

ياردىمىڭنى ئايىما ھاجەتمەنلەردىن.

28قوشناڭغا ئېھتىياجلىق نەرسە سەندە بار بولسا،

«ئەتە كەل، شۇ چاغدا بېرەي» دەپ ئۇنى قايتۇرما.

29قوشناڭغا زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتىدە بولما،

چۈنكى ئۇ ساڭا ئىشىنىپ خاتىرجەم ياشىدى يېنىڭدا.

30بىرەرسى ساڭا يامانلىق قىلمىغان بولسا،

ئۇنىڭ بىلەن سەۋەبسىز ماجىرالاشما.

31زوراۋانغا ھەسەت قىلما،

ئۇنىڭ يوللىرىدىن ھېچقايسىسىنى تاللىما.

32چۈنكى ئەگرى ئادەملەر يىرگىنچلىكتۇر پەرۋەردىگارغا،

دۇرۇسلارغا ئۇ يېقىن تۇرار ئەمما.

33پەرۋەردىگارنىڭ لەنىتى تېگەر رەزىللەرنىڭ ئۆيىگە،

ئۇ بەخت ئاتا قىلار ھەققانىيلارنىڭ ئائىلىسىگە.

34ئۇ مەسخىرىچىلەرنى مەسخىرە قىلار،

كىچىك پېئىللارغا شەپقەت ياغدۇرار.

35دانالار شان-شەرەپكە مۇيەسسەر بولار،

نادانلار بولسا شەرمەندىلىكتە قالار. 



4

دانالىقنىڭ ئەۋزەللىكى

1ئەي ئوغۇللىرىم، ئاتاڭلارنىڭ تەربىيىسىگە قۇلاق سېلىڭلار.

ئەقىل-ئىدراك تېپىش ئۈچۈن كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار.

2چۈنكى سىلەرگە ئۆگىتىمەن ئىلىم-ھېكمەتنى،

تەرك ئەتمەڭلار مېنىڭ تەلىملىرىمنى.

3كىچىكىمدە ئالغانمەن ئاتامنىڭ تەربىيىسىنى،

ئىدىم مەن ئانامنىڭ يالغۇز ئەتىۋارلىقى،

4ئاتام ماڭا مۇنداق ئۆگەتكەنىدى:

_ يۈرىكىڭدە ساقلىغىن سۆزلىرىمنى،

ئەمەل قىلغىن بۇيرۇقلىرىمغا،

ياشايسەن بەختلىك شۇندا.

5ئەقىل تاپ، ئېرىش دانالىققا،

ئۇنتۇما ئېيتقانلرىمنى، سۆزۈمدىن چىقما.

6دانالىقتىن ۋاز كەچمە، ئۇ سېنى قوغدار،

ئۇنى سۆيگىن، ئۇ سېنى مۇھاپىزەت قىلار.

7دانالىققا ئېرىشىشتۇر دانالىقنىڭ باشلىنىشى،

ئەقىل تاپ، بېرىپ بولسىمۇ پۈتۈن بايلىقىڭنى.

8دانالىقنى ئەتىۋارلىغىن، ئۇ سېنى ئۈستۈن قىلار.

ئۇنى قۇچاقلا ئۇ سېنى شۆھرەتكە ئېرىشتۈرەر.

9دانالىق تاقار كۆركەم تاج بېشىڭغا،

ئىنئام قىلار شەرەپ تاجىنىمۇ ساڭا.

10سۆزلىرىمنى ئاڭلا، قوبۇل قىل، ئەي ئوغلۇم،

شۇندا ئۇزۇن بولار ئۆمرۈڭ.

11مەن ساڭا كۆرسەتتىم دانالىقنىڭ يولىنى،

يېتەكلىدىم توغرا يولدا مېڭىشنى.

12توسالغۇغا ئۇچرىمايسەن ماڭغىنىڭدا،

پۇتلىشىپ كەتمەيسەن يۈگۈرگىنىڭدە.

13ئالغان تەربىيىنى چىڭ تۇت، ئايرىلما، ئوبدان ساقلا ئۇنى،

ئۇ سېنىڭ ھاياتىڭدۇر چۈنكى.

14كىرمە رەزىللەرنىڭ يولىغا،

يۈرمە يامانلارنىڭ ئىزىدا.

15ئۆزۈڭنى قاچۇر، ئۆتمە ھەم ئۇلارنىڭ يولىدىن،

بۇرۇلۇپ ئۆتۈپ كەتكىن ئۇلارغا يولىماستىن،

16چۈنكى ئۇخلىيالماس ئۇلار يامانلىق قىلمىغىچە،

ئۇيقۇسى كەلمەس بىرەرسىنى يىقىتمىغىچە.

17ئۇلار يەر رەزىللىكنىڭ نېنىنى.

ئىچەر زوراۋانلىقنىڭ شارابىنى.

18تاڭ نۇرىغا ئوخشار ھەققانىيلارنىڭ يولى،

قۇياش تولۇق كۆتۈرۈلگىچە نۇرلىنار يورۇغانسېرى.

19قاراڭغۇ زۇلمەتكە ئوخشار رەزىللەرنىڭ يولى،

بىلمەس ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نېمىگە پۇتلىشىپ كېتىشىنى.

20ئەي ئوغلۇم، سۆزلىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلا.

ئوبدان قۇلاق سال ئېيتقانلىرىمغا،

21ئۇلارنى كۆز ئالدىڭدىن يوقاتما،

قەلبىڭنىڭ چوڭقۇر قېتىدا ساقلا.

22چۈنكى چۈشەنگەنلەر ئۈچۈن بۇ سۆزلەر ھاياتلىقتۇر،

ئۇلارنىڭ تەن ساغلاملىقىدۇر.

23پاك تۇت بار كۈچۈڭ بىلەن قەلبىڭنى،

ئۇ ھايات بۇلىقىدۇر چۈنكى.

24بىر ئېغىزمۇ ئەگرى گەپ قىلما.

تىلىڭنى ھىيلىگەرلىكتىن ساقلا.

25ئالدىڭغا تىككىن كۆزلىرىڭنى،

توغرا تاشلا ھەم نەزىرىڭنى.

26ھەربىر قەدىمىڭنى ئال توغرا،

ئوڭ بولىدۇ ماڭغان يوللىرىڭ شۇندا.

27ئوڭ، سولغا چەتلىمەي، ئالغا باسقىن،

يىراق تۇت پۇتلىرىڭنى يامانلىقتىن. 


5

زىنا قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇش

1ئەي ئوغلۇم، ھېكمەتلىك سۆزلىرىمگە كۆڭۈل قويغىن،

ئاقىلانە مەسلىھەتلىرىمگە قۇلاق سالغىن.

2شۇندا ئايرىلماس ئەقىل-ئىدراك سەندىن،

دۇرۇس سۆزلەر تۆكۈلەر لەۋلىرىڭدىن.

3ھەسەل تامار بۇزۇق خوتۇننىڭ لەۋلىرىدىن،

سىلىقتۇر ئۇنىڭ سۆزلىرى زەيتۇن يېغىدىن.

4لېكىن ئۇ ئېلىپ كەلگەن ئاقىۋەت ئاچچىقتۇر كەكرىدەك،

ئازاب-ئوقۇبەتلىكتۇر خەنجەر بىلەن تىلغاندەك.

5ئۆلۈمگە باشلار ئۇنىڭ تۇتقان يولى.

ئۆلۈكلەر ماكانىغا ئېلىپ بارار باسقان قەدەملىرى.

6ئۇ ھاياتلىق يولىنى ئويلاپمۇ قويماس،

ئەگرى يوللاردا تېنەپ يۈرگەنلىكىنى ئۆزى بىلمەس.

7ئەي ئوغۇللار، سۆزلىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار.

دېگەنلىرىمدىن چىقماڭلار.

8بۇنداق خوتۇندىن نېرى قاچ!

ئۇنىڭ بوسۇغىسىغا يېقىن يولىما!

9بولمىسا، ئۆز ئىززىتىڭنى يوقىتىسەن،

رەھىمسىزگە قەرزدار بولىسەن.*

10بايلىقىڭدىن ياتلار بەھرىمەن بولار،

مېھنەت قىلىپ تاپقانلىرىڭ ئۆزگىنىڭ ئۆيىدە قالار.

11نالە-پەرياد چېكىسەن ئۆمرۈڭنىڭ ئاخىرىدا،

ھېچ مادار قالمىغاندا تەن ۋە ۋۇجۇدۇڭدا.

12شۇ چاغ دەيسەنكى:

_ نېمىشقىمۇ تەربىيىنى ئۆچ كۆرگەندىمەن؟

كۆڭلۈمدە تەنبىھلەرنى مەنسىتمىگەندىمەن؟

13ئۇستازلىرىمنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىغاندىمەن؟

ماڭا تەربىيە بەرگەنلەرگە قۇلاق سالمىغاندىمەن؟

14تاس قالدىم مانا شەرمەندە بولۇشقا،

يىغىلغان جامائەت ئالدىدا.

15ئىچكىن ئۆز كۆلچىكىڭنىڭ سۇيىدىن،

ئۆز قۇدۇقۇڭدىكى سۈزۈك سۇدىن.

16تاشسۇنمۇ بۇلاقلىرىڭ تاشقىرىغا، ئۆستەڭلىرىڭ كوچىلارغا؟

17ئۇلار مەنسۇپ بولسۇن ساڭىلا،

ئۇلارنى ئۆزگىلەر بىلەن ئورتاقلاشما.

18قۇدۇقۇڭ بەرىكەتلىك بولسۇن،

ياشلىقىڭدا ئالغان ئايالىڭدىن ھۇزۇر ئالغىن.

19ئۇ كېيىكتەك سۆيۈملۈك، مارالدەك چىرايلىقتۇر،

ئۇنىڭ كۆكسى سېنى قانائەتلەندۈرسۇن،

مۇھەببىتىگە دائىم شەيدا بولغىن.

20ئوغلۇم، نېمىشقا شەيدا بولىسەن بۇزۇق خوتۇنغا؟

نېمىشقا ئاتىسەن ئۆزۈڭنى زىناخور خوتۇننىڭ قوينىغا؟

21پەرۋەردىگارنىڭ كۆز ئالدىدىدۇر ئىنساننىڭ قىلغانلىرى،

كۆزىتىپ تۇرىدۇ ئۇ ئۇنىڭ بارلىق يوللىرىنى.

22چۈشۈرىدۇ ياماننىڭ قىلمىشلىرى ئۆزىنى تۇزاققا.

ئىلىنىدۇ ئۇ ئۆز گۇناھى بىلەن سىرتماققا.

23ئۇ ئۆزىنى تۇتالماسلىقىدىن ئۆز جېنىغا زامىن بولىدۇ.

چېكىدىن ئاشقان ئەخمەقلىقى تۈپەيلى يولدىن ئازىدۇ.



*9 بۇ يەردە ئۇنىڭ زىناخورلۇق قىلغانلىقى بايقالغاندىن كېيىن ئايالنىڭ ئېرى ياكى ئائىلىسىدىكىلەرگە قەرزدار بولىدىغانلىقى مەنىسىدە بولۇشى مۇمكىن.



 

6

نادانلىقتىن ھەزەر ئەيلەشكە دەۋەت

1ئەي ئوغلۇم، كېپىل بولغان بولساڭ دوستۇڭغا،

ياكى قول بەرگەن بولساڭ كاپالەت ئۈچۈن بىراۋغا،

2تۇتۇلۇپ ئاغزىڭدىن چىققان سۆزۈڭ بىلەن،

باغلىنىپ قالغان بولىسەن ئۆز ۋەدەڭ بىلەن،

3قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆزۈڭنى بۇنىڭدىن،

بۇنداق قىل، ئۇ كىشىنىڭ يېنىغا دەرھال بارغىن،

ئۇنىڭدىن ئۆتۈنۈپ سورا تۆۋەنچىلىك بىلەن،

چۈنكى ئۇنىڭ ئىلكىدىسەن بەرگەن ۋەدەڭ بىلەن.

4قۇتۇلمىغىچە ئۇخلاپ ياتما، كىرپىك قاقما،

5ئازاد قىل ئۆزۈڭنى ئوۋچى قولىدىن قاچقان كېيىكتەك،

ئوۋچىنىڭ تورىدىن قۇتۇلغان قۇشتەك.

6ئەي ھۇرۇن، ئال چۈمۈلىلەردىن ئۈلگە،

ئەقىل تاپ قاراپ ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىگە.

7يوقتۇر باشلىق، نازارەتچى، ھۆكۈمدار ئۇلاردا.

8لېكىن تەييارلار ئۇلار قىشنىڭ ئوزۇقىنى يازدا،

ئاشلىق توپلار ھوسۇل يىغىش ۋاقتىدا.

9ئەي ھۇرۇن، سەن قاچانغىچە ئۇخلايسەن؟

قاچان ئورنۇڭدىن تۇرىسەن؟

10دەيسەنكى:

بىرئاز كۆزۈمنى يۇمۇۋالاي، بىردەم ئۇخلىۋالاي،

يەنە بىردەم پۇت-قولۇمنى ئالماپ يېتىۋالاي.

11يېتىۋەرسەڭ يېنىڭغا كېلەر قاراقچىدەك نامراتلىق،

قوراللىق بۇلاڭچىدەك ھەم موھتاجلىق.

12ئۆكتەملەر بىلەن يامانلار يالغان-ياۋىداق سۆزلەپ يۈرىدۇ.

13كۆز قىسىپ، پۇت-قولى بىلەن شەرەت قىلىدۇ،

14قارا نىيىتى بىلەن يامانلىق پىلانلايدۇ،

ھەمىشە جېدەل-ماجىرا تېرىدۇ.

15شۇڭا، كېلىدۇ تۇيۇقسىز بالا-قازا ئۇلارغا،

بىردىنلا بىتچىت بولۇپ قالار قۇتقۇزۇلغۇسىز ھالغا.

16پەرۋەردىگارنىڭ يىرگىنىدىغان ئىشى ئالتە،

ياق، نەپرەتلىنىدىغان ئىشى يەتتە.

17ئۇلار بولسىمۇ تەكەببۇر قارايدىغان كۆز،

يالغان-ياۋىداق سۆزلەيدىغان تىل،

بىگۇناھلارنىڭ جېنىنى ئالىدىغان قول،

18سۇيىقەست ئويلايدىغان كۆڭۈل،

يامانلىققا يۈگۈرىدىغان پۇت،

19ئاغزىدىن يالغانچىلىق تۆكۈلىدىغان ساختا گۇۋاھچى،

ھەم قېرىنداشلار ئارا ماجىرا چىقارغۇچى.

20ئەي ئوغلۇم، ئەمەل قىل بۇيرۇقىغا ئاتاڭنىڭ،

چىقما تەلىمىدىن ئاناڭنىڭ.

21ئورنىتىپ ئۇلارنىڭ سۆزىنى قەلبىڭگە،

ئېسىۋال مارجان قىلىپ بوينۇڭغا.

22نەگىلا بارساڭ، يول باشلار ئۇ ساڭا،

قوغدار سېنى ئۇخلىغىنىڭدا،

مەسلىھەت بېرەر ساڭا ئويغانغىنىڭدا.

23چۈنكى بۇيرۇق بولسا چىراغدۇر،

تەلىم بولسا نۇردۇر،

تەربىيىنىڭ ئۆزى ھايات يولىدۇر.

24ئۇلار ساقلار سېنى بۇزۇق خوتۇندىن،

زىناخور خوتۇننىڭ شېرىن سۆزلىرىدىن.

25بېرىلىپ كەتمە ئۇنىڭ گۈزەللىكىگە،

ئەسىر بولۇپ كەتمە قاش-كۆز ئوينىتىشىغا.

26نان ھەققى يېتەر پاھىشە ئايالغا،

ئۆزگىنىڭ خوتۇنى ئەزىز جېنىڭنى ئالار قارىغا.

27كىيىمى كۆيمەمدۇ ئېتىكىگە چوغ سالغۇچىنىڭ؟

28پۇتى كۆيمەمدۇ چوغ ئۈستىدە ماڭغۇچىنىڭ؟

29ئوخشاشتۇر ئۆزگىنىڭ خوتۇنى بىلەن زىنا قىلغۇچىنىڭ ئاقىۋىتى،

قۇتۇلالماس جازادىن ئۇنىڭ بىلەن بىر ئورۇندا ياتسا كىمكى.

30كىشىلەر كەمسىتمەيدۇ ئاچلىقتىن ئوغرىلىق قىلغان ئوغرىنى،

31لېكىن تۇتۇلۇپ قالسا، تۆلەيدۇ ئۇ بىرگە يەتتە ھەسسە تۆلەمنى،

تاپشۇرىدۇ ئۆي ئىچىدىكى بارلىق بىساتىنى.

32ئەمما ئۆزگىنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلغۇچى،

يوقتۇر ئەقلى، ھالاك قىلىدۇ ئۆز ئۆزىنى.

33ئۇ چوقۇم شەرمەندە بولۇپ، تاياق يەيدۇ،

يۇيۇپ چىقارغۇسىز رەسۋاچىلىققا قالىدۇ.

34چۈنكى ئايالنىڭ ئېرى غەزەپكە كېلەر كۈندەشلىك ئوتىدا،

ھەرگىز رەھىم قىلماس ئۇ ئىنتىقام ئالغاندا.

35ھەرقانداق تۆلەمگە ئۇ قاراپمۇ قويماس،

بەرسەڭمۇ قانچىلىك سوۋغات، ئۇ رازى بولماس. 


7

بۇزۇق خوتۇن

1ئەي ئوغلۇم، ئەمەل قىل سۆزلىرىمگە،

بۇيرۇقلىرىمنى قەدىرلە.

2ئەمەل قىل ئۇلارغا، بەختلىك ياشايسەن شۇندا.

تەلىملىرىمنى كۆز قارىچۇقۇڭدەك ئاسرا.

3ئۇلارنى تېڭىپ بارماقلىرىڭغا،

پۈتۈۋال قەلبىڭنىڭ چوڭقۇر قېتىغا.

4ئاچا-سىڭىل دەپ تونۇغىن دانالىقنى،

ئۇرۇق-تۇغقان دەپ ئاتىغىن پاراسەتنى.

5شۇندا ساقلار ئۇلار سېنى زىناخور ئايالدىن،

تىلى شېرىن، بۇزۇق خوتۇندىن.

6ئۆيۈمنىڭ دېرىزە پەنجىرىسىدىن تاشقىرىغا قارىغىنىمدا بىر قېتىم،

7ساددا ياشلار ئارا بىر ئەقىلسىز يىگىتنى كۆرۈپ قالدىم.

8ئۇ كوچا ياقىلاپ مېڭىۋەردى.

بىر خوتۇننىڭ دوقمۇشتىكى ئۆيى تەرەپكە مېڭىپ قالدى.

9بۇ، كۈن پېتىپ، كېچە قاراڭغۇسى چۈشۈشكە باشلىغان ۋاقىت ئىدى.

10مانا، بىر خوتۇن يىگىتنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇ پاھىشىدەك ياسىنىۋالغان بولۇپ، نىيىتى بۇزۇق ئىدى.

11بىشەم ۋە باشباشتاق بولۇپ، ئۇ ئۆيىدە ئولتۇرمايتتى.

12ئەرلەرنى ئېزىقتۇرۇشقا ساقلايتتى ھەر بىر دوقمۇشتا،

بەزىدە كوچىلاردا، بەزىدە بازارلاردا.

13ئۇ ھېلىقى يىگىتكە ئېسىلىپ، سۆيۈپ، قېلىنلىق بىلەن ئېيتتى:

14_ ئۆيۈمدە بار «ئامانلىق قۇربانلىقى»نىڭ گۆشى،

بۈگۈن قىلدىم خۇداغا ۋەدە قىلغان بۇ قۇربانلىقنى.

15شۇڭا، سىز بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن چىققانىدىم،

ئەمدى سىزنى ئىزدەپ تېپىۋالدىم.

16كارىۋىتىمنى مىسىرنىڭ رەڭلىك ياپقۇچلىرى بىلەن ياپتىم.

17ئورۇن-كۆرپىلىرىمگە مۇرمەككى، مۇئەتتەر ۋە دارچىنلار چاچتىم.

18كېلىڭ، تاڭ ئاتقۇچە قېنىپ ئوينىشايلى،

بىر-بىرىمىزنىڭ قوينىدا لەززەتلىنەيلى.

19چۈنكى ئېرىم ئۆيدە يوق، چىقىپ كەتتى يىراق سەپەرگە،

20ئېلىپ بىر ھەميان كۈمۈش تەڭگە، ئۆيگە قايتمايدۇ ئاي تولغۇچە.

21بەند قىلدى ئايال ئۇنى ئۆزىگە شېرىن سۆزلىرى بىلەن،

ئېزىقتۇردى ئۇنى ياغلىما گەپ بىلەن.

22ياش يىگىت ئۇ ئايالغا ئويلىمايلا ئەگەشتى،

قۇشخانىغا ئېلىپ ماڭغان ئۆكۈز كەبى،

قاپقانغا چۈشۈش ئالدىدىكى بۇغا كەبى،

23قىلتاققا ئۆزىنى ئېتىۋاتقان قۇش كەبى،

ئوق تېشىپ ئۆتمىگۈچە ئۇنىڭ جىگىرىنى،

بىلمەس ئۇ زىنانىڭ ھاياتىغا زامىن ئىكەنلىكىنى.

24ئەي ئوغۇللىرىم، ئەمدى قۇلاق سېلىڭلار سۆزلىرىمگە،

ئېتىبار بېرىڭلار دېگەنلىرىمگە.

25بۇنداق خوتۇن يولىغا مايىل بولمىسۇن كۆڭلۈڭلار،

ئۇنىڭ يولىغا كىرىپ ئادىشىپ كەتمەڭلار.

26بۇنداق ئايال نابۇت قىلغان نۇرغۇن كىشىلەرنى،

ھاياتىدىن ئايرىغان سانسىز ئەرلەرنى.

27ئېلىپ بارار ئۇنىڭ ئۆيى گۆرگە،

ئۆلۈكلەر ماكانىدىكى چوڭقۇر يەرگە. 


8

دانالىقنىڭ ئۆزىنى تەرىپلىشى

1دانالىق چاقىرمىدىمۇ؟

ئەقىل-ئىدراكنىڭ ئاۋازى ياڭرىمىدىمۇ؟

2تۇرۇپ ئۇ يول بويىدىكى ئېگىز جايلاردا،

تۆت كوچىلاردا،

3جاكارلىماقتا شەھەر دەرۋازىلىرىنىڭ يېنىدا،

شەھەرگە كىرىش ئېغىزلىرىدا:

4ئەي ئىنسانلار، سىلەرنى چاقىرىۋاتىمەن،

ئادەم بالىلىرىغا خىتاب قىلىۋاتىمەن.

5ئەي گول ئادەملەر، ئۆگىنىڭلار زېرەكلىكنى،

ئەي نادانلار، ئۆگىنىڭلار ئەقلىڭلارنى ئىشلىتىشنى.

6قۇلاق سېلىڭلار، ئېيتماقچىمەن يۈكسەك ئىشلارنى،

دۇرۇستۇر ئاغزىمدىن چىققانلىرى.

7ھەقىقەتنى سۆزلەيمەن، يالغان سۆزلەشتىن نەپرەتلىنىمەن.

8ئېيتقانلىرىمنىڭ ھەممىسى ھەقتۇر،

ئۇنىڭدا ھىيلىگەرلىك ياكى ساختىلىق يوقتۇر.

9ئېنىقتۇر بارلىق سۆزلىرىم چۈشەنگەنلەرگە،

توغرىدۇر ئۇلار بىلىم ئالغانلارغا.

10قوبۇل قىلىڭلار كۈمۈشنىڭ ئورنىغا نەسىھەتلىرىمنى،

ساپ ئالتۇننىڭ ئورنىغا بىلىمنى.

11چۈنكى دانالىق لەئەل-ياقۇتلاردىنمۇ قىممەتلىكتۇر،

ھەرقانداق ئارزۇلۇق نەرسە ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمەستۇر.

12مەن دانالىقمەن، ئەقىل-ئىدراك بىلەن بىللە ياشايمەن.

بىلىم ۋە پەم-پاراسەتنىڭ ئىگىسىمەن.

13پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش يامانلىقتىن نەپرەتلىنىشتۇر.

نەپرەتلىنىمەن تەكەببۇرلۇق، مەنمەنلىك، يامان يول، يالغان سۆزدىن.

14ئىگىسىمەن نەسىھەت ۋە ھېكمەتنىڭ،

ئەقىل ھەم كۈچ-قۇدرەتنىڭ.

15مەن ئارقىلىق ھۆكۈم سۈرىدۇ پادىشاھلار،

ئادىل قانۇن-پەرمان چىقىرىدۇ ھۆكۈمدارلار.

16مەن ئارقىلىق ئىدارە قىلىدۇ ھوقۇقدارلار،

ئەمەلدارلار، بارلىق ئادىل ھۆكۈم چىقارغۇچىلار.

17سۆيىمەن مەنمۇ مېنى سۆيگەنلەرنى،

تاپالايدۇ تىرىشىپ ئىزدىگەنلەر مېنى،

18مەندە باردۇر بايلىق ۋە شۆھرەت،

تۈگىمەس مال-دۇنيا ۋە ھەققانىيەت.

19مەن بېرىدىغان مېۋە ئالتۇندىن، ھەتتا ساپ ئالتۇندىن قىممەتلىكتۇر.

مەندىن كېلىدىغان پايدا ساپ كۈمۈشتىنمۇ ئەۋزەلدۇر.

20مەن ھەققانىيەت يولىدا ماڭىمەن،

ئادالەت يولىدا ئىلگىرىلەيمەن.

21مېنى سۆيگەنلەرگە بايلىق بېرىمەن،

ئۇلارنىڭ خەزىنىلىرىنى تولدۇرىمەن.

22پەرۋەردىگار ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن مېنى ئۆز ئىشلىرىنى باشلىشىدىن بۇرۇنلا،

ھەممە مەۋجۇداتلارنىڭ ھېچ نېمىنى يارىتىشتىن بۇرۇنلا،

23بەرپا بولغانمەن ئەلمىساقتىلا، ئەزەلدىن تارتىپلا،

يەر-زېمىن تېخى يارىتىلماستىلا.

24تۆرەلگەنمەن دېڭىز-ئوكيانلار يوقتىلا،

بۇلاقلار كۆز ئاچماستىلا،

25تۆرەلگەنمەن ئېگىز تاغلار شەكىللەنمەستىلا،

تۆپىلىكلەر پەيدا بولماستىلا،

26خۇدا بىپايان زېمىن، كەڭ دالىلارنى ياراتماستىلا،

زېمىندىكى توپا-چاڭلار تېخى مەۋجۇت بولماستىلا.

27ئۇ يەردە ئىدىم خۇدا ئاسماننى ئورناتقىنىدا،

دېڭىز يۈزىگە ئۇپۇق سىزىقىنى سىزغىنىدا،

28ئاسمانغا بۇلۇتلارنى ئورۇنلاشتۇرغىنىدا،

دېڭىز-ئوكيانلارنى سۇ بىلەن تولدۇرغىنىدا،

29ئۇ سۇلار تاشمىسۇن دەپ، ئەمر قىلىپ دېڭىزغا چەك قويغىنىدا،

يەر-زېمىننىڭ ئۇلىنى بەلگىلىگىنىدە.

30مەن ئۇنىڭ يېنىدىكى ئۇستا ھۈنەرۋەن ئىدىم.

ھەر كۈنى مەن ئۇنىڭ خۇشاللىقى ئىدىم،

مەنمۇ ھەردائىم ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا شادلىناتتىم.

31ئۇ ياراتقان پۈتكۈل ئالەم ئۈچۈن شادلىناتتىم.

دۇنيادىكى ئىنسانلاردىن سۆيۈنەتتىم.

32ئەمدى ماڭا قۇلاق سېلىڭلار، ئەي ئوغۇللار،

نەقەدەر بەختلىكتۇر يولۇمنى تۇتقانلار!

33تەلىم-تەربىيەمگە قۇلاق سېلىپ، ئەقىل تېپىڭلار،

ئۇلارغا بىپەرۋالىق قىلماڭلار.

34نەقەدەر بەختلىكتۇر ئىشىك ئالدىمدىن كەتمەي ھەر كۈنى،

بوسۇغامدا كۈتۈپ سۆزۈمنى ئاڭلايدىغان كىشى!

35چۈنكى مېنى تاپقانلار ھاياتلىقنى تاپار.

پەرۋەردىگارنىڭ رازىلىقىغا ئىگە بولار.

36ئۆزى زىيان تارتار مېنى قولدىن بېرىپ قويغانلار،

ئۆلۈمنى ياخشى كۆرگەنلەردۇر مېنى يامان كۆرگەنلەر.


9

دانالىقنىڭ چاقىرىقى

1سالدى دانالىق بىر ئۆي ئۆزىگە،

ئورناتتى يەتتە تۈۋرۈك ئۇنىڭغا.

2سويۇپ مال، تەييارلاپ شارابنى،

يايدى ئۇ داستىخىنىنى.

3ئەۋەتتى دېدەكلىرىنى ئۆز زىياپىتىگە چاقىرىشقا،

تۇرغۇزدى شەھەرنىڭ ئەڭ ئېگىز جايلىرىدا:

4«ئەي ساددىلار، بۇ يەرگە كېلىڭلار!» دەپ چاقىرغۇزدى،

ئەقىلسىزلەرگە ئۇ مۇنداق ئېيتتى:

5«ئەتكەن غىزايىمغا ئېغىز تېگىڭلار،

تەييارلىغان شارابىمنى ئىچىڭلار.

6نادانلىق يولىنى تاشلاڭلار، بەختلىك ياشايسىلەر شۇندا،

مېڭىڭلار ئاقىللىق يولىدا».

7كىمكى تەنبىھلىسە مازاق قىلغۇچىلارنى، ئۇچرار ئاھانەتكە،

ئەيىبلىسە رەزىللەرنى، قالار ھاقارەتكە.

8ئەيىبلىمە مازاق قىلغۇچىلارنى، بولمىسا ساڭا ئۆچ بولۇپ قالار،

گەر ئەيىبلىسەڭ دانالارنى، سۆيەر سېنى ئۇلار.

9تەلىم بەرسەڭ داناغا، زىيادە بولار ئۇنىڭ ئەقلى،

ئۆگەتسەڭ ھەققانىي ئادەمگە، ئاشار ئۇنىڭ بىلىمى.

10پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش دانالىقنىڭ باشلىنىشىدۇر.

بىردىنبىر مۇقەددەس بولغۇچىنى بىلىشنىڭ ئۆزى ئەقىل-ئىدراكتۇر.

11ماڭا ئەگەشسەڭ، ئۆمرۈڭ ئۇزۇن بولار.

يېشىڭغا ياش قوشۇلار.

12دانا بولساڭ، ئۆزۈڭ كۆرىسەن پايدىسىنى،

مازاق قىلساڭ، ئۆزۈڭ تارتىسەن زىيىنىنى.

نادانلىقنىڭ چاقىرىقى

13نادانلىق ئوخشار بىشەم ۋە ھېچنېمىگە قارىمايدىغان كالۋا خوتۇنغا،

14ئولتۇرۇپ ئۇ ئۆيىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا،

شەھەرنىڭ ئەڭ ئېگىز جايىدا،

15يېنىدىن ئۆتۈپ، تۈز يولدا كېتىۋاتقانلارغا توۋلىدى:

16«ئەي ساددىلار، بۇ يەرگە كېلىڭلار!» دەپ چاقىردى،

ئەقىلسىزلەرگە ھەم مۇنداق ئېيتتى:

17«ئوغرىلاپ ئىچكەن سۇ تاتلىقتۇر،

يوشۇرۇپ يېگەن نان تەملىكتۇر».

18بىراق، بىلمەس ئاڭلىغۇچىلار ئۇ يەرنىڭ ئەرۋاھلار ماكانى ئىكەنلىكىنى،

ئۆيىگە چاقىرىلغانلارنىڭ گۆرگە كىرىپ بولغانلىقىنى. 


10

سۇلايمان پادىشاھنىڭ پەند-نەسىھەتلىرى

1سۇلايمان پادىشاھنىڭ پەند-نەسىھەتلىرى:

دانا ئوغۇل شادلاندۇرار ئاتىسىنى،

نادان ئوغۇل قايغۇغا سالار ئانىسىنى.

2پايدا بەرمەس ھارام بايلىق،

ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرار ھەققانىيلىق.

3ئاچ قويماس خۇدا ھەققانىيلارنى،

ئەمەلگە ئاشۇرماس يامانلارنىڭ ئارزۇسىنى.

4نامرات بولار قول قوشتۇرۇپ ئولتۇرغانلار،

بايلىق كەلتۈرەر ئۆز قولى بىلەن ئىشچانلار.

5ئەقىل-ئىدراكلىق ئوغۇلدۇر ھوسۇلنى ۋاقتىدا يىغقان،

ئۇياتقا قالدۇرىدىغان ئوغۇلدۇر ئورما مەزگىلىدە ئۇخلىغان.

6بەرىكەت ھەققانىيلارنىڭ بېشىغا ياغار،

زوراۋانلىقىنى يامانلارنىڭ سۆزلىرى يوشۇرار.

7ھەققانىيلار مۇبارەك ئەسلىمىلەر قالدۇرار.

يامانلارنىڭ نامى تېزلا ئۇنتۇلۇپ قالار.

8قەلبىدە دانالىق بولغان نەسىھەتنى قوبۇل قىلار،

ئەخمەقلەرچە سۆزلىگەن بالاغا قالار.

9دىيانەت يولىدا ماڭغاننىڭ قەدىمى بىخەتەردۇر،

ئەگرى يولدا يۈرگەننىڭ قۇيرۇقى بىر تۇتامدۇر.

10غەرەزلىك كۆز قىسقان غەم-قايغۇنى كەلتۈرۈپ چىقىرار،

ئەخمەقلەرچە سۆزلىگەن بالادا قالار.

11ھاياتلىق بۇلىقىدۇر ھەققانىينىڭ سۆزى،

يوشۇرار زوراۋانلىقىنى يامانلارنىڭ تىلى.

12ئۆچمەنلىك جېدەل-ماجىرا قوزغار،

مېھىر-مۇھەببەت بارلىق گۇناھلارنى ياپار.

13ئاقىلنىڭ لەۋلىرىدىن دانالىق تامار،

ئەقىلسىزنىڭ دۈمبىسىگە دەررە تەييار تۇرار.

14دانالار بىلىمىنى ئىچىدە ساقلار،

ئەخمەقنىڭ تىلى ھالاكەت چاقىرار.

15بايلارنىڭ مەزمۇت قورغىنىدۇر ئۆز بايلىقى.

نامراتلارنىڭ ھالاكىتىدۇر ئۆز يوقسۇزلۇقى.

16ھاياتلىقتۇر ھەققانىينىڭ ئېرىشكىنى،

گۇناھتۇر رەزىلنىڭ تاپقىنى.

17تەربىيىنى قوبۇل قىلغۇچى ھاياتلىق يولىدىدۇر،

تەنبىھنى رەت قىلغۇچى يولدىن ئازغان كىشىدۇر.

18ئۆچمەنلىكىنى يوشۇرغۇچىنىڭ سۆزى يالغان.

ئەخمەقتۇر باشقىلارغا تۆھمەت چاپلىغان.

19گۇناھتىن خالىي بولماس كۆپ سۆزلەيدىغان،

دانادۇر تىلىنى تارتقان.

20ساپ كۈمۈشتۇر ھەققانىينىڭ لەۋزى،

ئەرزىمەستۇر يامانلارنىڭ كۆڭلى.

21ھەققانىينىڭ سۆزى كۆپكە ئوزۇق بولار،

ئەخمەقلەر ئەقىلسىزلىقىدىن ھالاك بولار.

22بايلىق كەلتۈرەر پەرۋەردىگارنىڭ بەرىكىتى،

قوشماس بۇ بايلىققا دەرد-ئەلەمنى.

23ھۇزۇرلىنار ئەقىلسىز يامانلىق قىلغىنىدىن،

زوقلىنار ئاقىل دانالىق ئىشىدىن.

24ياماننىڭ قورققىنى ئۇنىڭ بېشىغا چۈشەر،

ھەققانىيلارنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشار.

25قۇيۇندىن كېيىن يامان ئادەم يوقىلار،

ھەققانىي ئادەم مەڭگۈلۈك ئۇلدەك مەزمۇت قالار.

26سىركە چىشنى، تۈتۈن كۆزنى ئېچىشتۇرار،

ھۇرۇن ئۆزىنى ئىشقا سالغۇچىنى ئاۋارە قىلار.

27ئۇزارتار پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ئۆمۈرنى،

قىسقا بولار يامانلارنىڭ ئۆمرى.

28شادلىق ئېلىپ كېلەر ھەققانىيلارنىڭ ئۈمىدى،

يوققا چىقار يامانلارنىڭ كۈتكىنى.

29پەرۋەردىگارنىڭ يولى دىيانەتلىكلەر ئۈچۈن باشپاناھدۇر،

يامانلىق قىلغۇچىلار ئۈچۈن ھالاكەتتۇر.

30مۇستەھكەم تۇرار ھەققانىي ئادەم ئۆز ئورنىدا،

ئۇزۇن تۇرالماس يامانلار زېمىندا.

31ھەققانىينىڭ ئاغزىدىن دانالىق تۆكۈلەر،

يالغان سۆزلەيدىغان تىل كېسىلەر.

32ھەققانىينىڭ سۆزى كىشىلەرگە ياقار،

يامانلارنىڭ ئاغزىدىن قۇۋلۇق-شۇملۇق چىقار.


11

1پەرۋەردىگار يىرگىنەر مەككارنىڭ تارازىسىدىن،

خۇرسەن بولار ھەققانىينىڭ تارازا تېشىدىن.

2تەكەببۇرلۇق كەينىدىن كېلەر شەرمەندىلىك،

ھەمراھ بولار كەمتەرلىككە دانالىق.

3يېتەكلەر دۇرۇسلارنى دىيانەتلىكى،

ۋەيران قىلار كاززاپلارنى ئۆز ھىيلىگەرلىكى.

4مال-دۇنيانىڭ پايدىسى بولماس خۇدا غەزەپكە كەلگەن كۈنى،

ھەققانىيلىق بولسا ئۆلۈمدىن قۇتقۇزار ئادەمنى.

5دىيانەتلىك كىشىنىڭ ھەققانىيلىقى ئۇنىڭ يولىنى ئوچۇق قىلار،

يامان ئادەم ئۆز يامانلىقىدىن يىقىلار.

6دۇرۇسلارنى ھەققانىيلىقى قۇتقۇزار،

ساتقۇنلار ئۆز نەپسىدىن تۇتۇلار.

7ئۆلسە يامان ئادەم، ئارزۇسى يوققا چىقار،

باي بولۇش ئۈمىدى كۆپۈككە ئايلىنار.

8ھەققانىي كىشى كۈلپەتتىن قۇتۇلدۇرۇلار،

يامان ئادەم ئەكسىچە كۈلپەتكە دۇچار بولار.

9خۇداسىزلار يېقىنىنى تىلى بىلەن ھالاك قىلار،

ھەققانىيلار بىلىمى بىلەن قۇتقۇزۇلار.

10ئەل-يۇرت شاد بولار، ھەققانىيلار روناق تاپسا،

تەنتەنە قىلار، يامانلار ھالاك بولسا.

11ئەل-يۇرت گۈللەپ ياشىنار دۇرۇسلارنىڭ بەرىكەت تىلەشلىرىدىن،

خاراب بولار يامانلارنىڭ تىلىدىن.

12ئەقىلسىز كەمسىتەر يېقىنىنى،

سۈكۈت قىلار ئەقىل ئىگىسى.

13چېقىمچى ئاشكارىلار مەخپىيەتلىكنى،

ئىشەنچلىك كىشى چىڭ ساقلار سىرنى.

14ئەل ۋەيران بولار، مەسلىھەتسىز بولسا،

غەلىبە قىلار مەسلىھەتچىلەر كۆپ بولسا.

15كۆپ زىيان تارتار ياتقا كېپىل بولغۇچى،

ئامان بولار كېپىللىكتىن باش تارتقۇچى.

16سازاۋەر بولار لاتاپەتلىك ئايال ھۆرمەتكە،

پەقەت ئىگە بولار زوراۋانلار بايلىققا.

17كەلتۈرەر رەھىمدىل ئۆزىگە پايدا،

ئۇچرىتار رەھىمسىز ئۆزىنى زىيانغا.

18كۆپۈكتەك بولار يامانلارنىڭ تاپقىنى.

چوقۇم ئىنئام ئالار ھەققانىيلىق ئۇرۇقىنى چاچقۇچى.

19ھاياتلىققا ئېرىشەر چىن ھەققانىي كىشى،

ئۆلۈمگە يۈزلىنەر يامانلىقنى قوغلاشقۇچى.

20پەرۋەردىگار يىرگىنەر كۆڭلى ئەگرىلەردىن،

خۇرسەن بولار يولى دىيانەتلىكلەردىن.

21سۆزسىزكى، يامانلار چوقۇم جازالىنار،

ھەققانىيلارنىڭ ئەۋلادى قۇتقۇزۇلار.

22ھۆسنى بار ئەقلى يوق خوتۇن ئوخشار،

چوشقا تۇمشۇقىغا ئېسىلغان ئالتۇن ھالقىغا.

23ياخشىلىققا باشلار ھەققانىيلارنىڭ ئارزۇسى،

غەزەپ-نەپرەتتە قالدۇرار يامانلارنىڭ كۈتكىنى.

24بىرى سېخىي بولۇپ، بايلىقى يەنىلا ئاشار،

يەنە بىرى بېخىل بولۇپ ئەكسىچە نامراتلىشار.

25روناق تاپار مەردلەر،

سۇ بەرگەنلەرگە سۇ بېرىلەر.

26قالار ئاشلىقنى ۋاقتىدا ساتمىغانلار خەلقنىڭ لەنىتىگە،

بەرىكەت تىلىنەر ئاشلىقنى ۋاقتىدا سېتىپ بەرگەنلەرگە.

27ياخشىلىق قىلىشقا ئىنتىلگۈچى كۆرەر ياخشىلىق،

يامانلىق قىلىشنى كۆزلىگۈچىگە كېلەر يامانلىق.

28يىقىلىپ چۈشەر مال-دۇنياسىغا تايانغانلار،

ئەتىيازنىڭ بىخىدەك كۆكلەر ھەققانىيلار.

29مىراس ئالالماس ئۆيىدىكىلەرگە كۈلپەت كەلتۈرگۈچى،

دانانىڭ چاكىرى بولۇپ قالار ئەقىلسىز كىشى.

30ھاياتلىق دەرىخىدۇر ھەققانىينىڭ مېۋىسى،

ئاقىلدۇر كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ئۇتقۇچى.

31سەۋەنلىكلىرى ئۈچۈن بۇ دۇنيادا جازالانغان تۇرسا ھەققانىيلار،

يامانلار بىلەن گۇناھكارلارنىڭ ئاقىۋىتى نېمە بولار؟


12

1تەربىيىنى سۆيگەن بىلىمنى سۆيگۈچىدۇر.

تەنبىھنى ئۆچ كۆرگەن ھاماقەتتۇر.

2ياخشى ئادەم پەرۋەردىگارنىڭ شاپائىتىگە مۇيەسسەر بولار،

بەتنىيەت ئادەمنى پەرۋەردىگار جازاغا ھۆكۈم قىلار.

3ئادەم يامانلىق قىلىپ ئامان بولماس،

ھەققانىيلارنىڭ يىلتىزى قومۇرۇلماس.

4پەزىلەتلىك ئايال ئېرىنىڭ تاجىدۇر،

شەرمەندە خوتۇن ئېرىنىڭ كۈچىنى خوراتقۇچىدۇر.

5ھەققانىيلارنىڭ ئويلىرى ئادىللىقتۇر،

يامانلارنىڭ مەسلىھىتى مەككارلىقتۇر.

6قان تۆكىدىغان تۇزاقتۇر يامانلارنىڭ تىلى،

ئادەمنى تۇزاقتىن قۇتقۇزار ھەققانىيلارنىڭ سۆزى.

7يامانلار ۋەيران قىلىنىپ يوقىلار،

ھەققانىيلارنىڭ ئۆيى مەزمۇت تۇرار.

8ئەقىل-ئىدرىكىگە قاراپ ئادەم ماختاشقا سازاۋەر بولار،

ئەگرى ئوي-پىكىرلىك كىشى كۆزگە ئىلىنماي قالار.

9ئېتىبارسىز قارالسىمۇ چاكار ياللىغان كىشى،

ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ نانغا زار بولغۇچىدىن ياخشى.

10ھەققانىي ئادەم ئۆز مال-ۋارىنىنى ئاسرىماي قالماس،

يامان ئادەمنىڭ «رەھىمدىللىكى» زالىملىقتۇر خالاس.

11يېرىگە ئىشلىگەننىڭ قورسىقى توق.

قۇرۇق خىيال سۈرگەننىڭ ئەقلى يوق.

12كۆز قىزارتار رەزىلنىڭ ئولجىسىغا يامانلار،

يىلتىز تارتىپ مېۋە بېرەر ھەققانىيلار.

13يامان كىشى ئۆز ئاغزىنىڭ گۇناھىدىن تۇتۇلار،

ھەققانىي ئادەم مۈشكۈللۈكتىن قۇتۇلار.

14ئادەم ياخشى سۆزى بىلەن ياخشىلىق تاپار،

مېھنىتى بىلەن ئىنئامغا سازاۋەر بولار.

15ئەخمەقنىڭ يولى ئۆز نەزىرىدە توغرىدۇر،

نەسىھەتكە قۇلاق سالغۇچى دانادۇر.

16تېزلا بىلىنەر كەلسە ئەخمەقنىڭ ئاچچىقى،

ھاقارەتكە ئۇچرىغاندا زېرەك چاندۇرماس ئىنكاسىنى.

17بىلدۈرەر ھەق سۆزلىگۈچى ئادىللىقنى،

يالغان گۇۋاھلىق بەرگۈچى ساختىلىقنى.

18ئويلىمايلا قىلغان سۆز قىلىچتەك تىقىلار،

دانالارنىڭ سۆزى داۋا بولار.

19راست گەپ مەڭگۈ پۇت تىرەپ تۇرار،

يالغان گەپ بىردەملىك بولار.

20يامان نىيەتلىك كىشىنىڭ كۆڭلىدە ھىيلىگەرلىك بولار.

تىنچ-ئامانلىقنى دەۋەت قىلغۇچىلار خۇشاللىق تاپار.

21ھەققانىي ئادەمنىڭ بېشىغا ھېچ كۈلپەت چۈشمەس،

رەزىللەر بەختسىزلىكتىن قۇتۇلالماس.

22پەرۋەردىگار يىرگىنەر يالغان سۆزلەردىن،

خۇرسەن بولار سۆز-ھەرىكىتى سەمىمىي بولغانلاردىن.

23بىلىندۇرمەس زېرەكلەر ئۆز بىلىمىنى،

ئاشكارىلار ئەخمەقلەر ئۆزىنىڭ نادانلىقىنى.

24تىرىشچان قول ھوقۇق تۇتار،

ھۇرۇن ئالۋانغا تۇتۇلار.

25مۈكچەيتەر غەم-ئەندىشە كىشىنى،

خۇش قىلار بىر ئېغىز ياخشى سۆز ئادەمنى.

26ھەققانىيلار يېقىنىغا يول كۆرسىتەر،

يامانلارنىڭ يولى ئۆزلىرىنى ئازدۇرار.

27ھۇرۇن ھەتتا ئېرىنەر پىشۇرۇشقا ئوۋلىغان ئوۋنى،

تىرىشچانلىق بولسا ئادەمنىڭ قىممەتلىك بايلىقى.

28ھەققانىيلارنىڭ يولىدا ھاياتلىق باردۇر،

بۇ يول ئۆلۈمگە يېتەكلىمەيدىغان يولدۇر.


13

1دانا ئوغۇل ئاتىسىنىڭ تەربىيىسىگە كۆڭۈل قويار،

مەسخىرە قىلغۇچى تەنبىھتىن ئۆزىنى تارتار.

2ياخشى ئادەم ئۆز سۆزىدىن ياخشىلىق تاپار،

خائىنلار زوراۋانلىقنىڭ كويىدا بولار.

3ئاغزى چىڭ جېنىنى ساقلاپ قالار،

ئاغزى ئىتتىك ھالاكەتكە يۈز تۇتار.

4ئېرىشەلمەس ھۇرۇنلار كۆڭلى خالىغان ھەر قانداق نەرسىگە،

ئېرىشەر تىرىشچانلار بارلىق ئارزۇسىغا.

5يالغانچىلىقتىن يىرگىنەر ھەققانىيلار،

ئۇياتسىزلىق قىلىپ شەرمەندە بولار يامانلار.

6ئادىللىق قوغدار ھەققانىينى،

رەزىللىك يىقىتار گۇناھكارنى.

7بەزىلەر باي كۆرسىتەر ئۆزىنى، لېكىن بۇ قۇرۇق سۆلەتتۇر،

بەزىلەر يوقسۇل كۆرسىتەر ئۆزىنى، ئەمما كاتتا بايلاردۇر.

8بايلىق باينىڭ جېنىغا تۆلەم بولار.

يوقسۇل تەھدىتتىن خالىي بولار.

9پارلاپ تۇرار ھەققانىينىڭ نۇرى،

ئۆچۈرۈلەر ياماننىڭ چىرىغى.

10چىقار پەقەت جېدەل-ماجىرا كىبىرلىكتىن،

تېپىلار دانالىق نەسىھەت ئاڭلايدىغانلاردىن.

11ئاسان ئېرىشكەن بايلىق بەرىكەتسىز بولار،

مېھنەت قىلىپ تاپقىنى بەرىكەتلىك بولار.

12ئۇزاققا سوزۇلغان ئۈمىد كۆڭۈلنى يېرىم قىلار،

ئارزۇسىغا يەتمەك خۇددى ھاياتلىق دەرىخىگە ئېرىشكەندەك بولار.

13خۇدانىڭ سۆزىگە سەل قارىغۇچى ئۆزىگە ھالاكەت كەلتۈرەر،

ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلغان تارتۇققا ئېرىشەر.

14ھاياتلىق بۇلىقىدۇر دانالارنىڭ تەلىمى،

ئۇ ئەجەل تۇزىقىدىن خالاس قىلىدۇ ئادەمنى.

15ئەقىل-ئىدراك ھىممەت تاپقۇزار،

خائىننىڭ يولى مۇشەققەتلىك بولار.

16زېرەك بىلىمىگە تايىنىپ ئىش قىلار،

ھاماقەت ئۆز نادانلىقىنى ئاشكارىلار.

17دۇچار بولار بالاغا يامان ئەلچى،

ئېلىپ كېلەر شىپالىق سادىق ئەلچى.

18تەربىيىنى رەت قىلغۇچى نامراتلىشىپ ئۇياتقا قالار،

تەنبىھنى قوبۇل قىلغۇچى ئىززەتكە ئىگە بولار.

19ئەمەلگە ئاشقان ئارزۇ شېرىندۇر كىشىگە،

يامانلىقىنى تاشلاش يىرگىنچلىكتۇر ھاماقەتكە.

20دانالار بىلەن بىللە يۈرگەن دانا بولار،

ھاماقەتلەرگە ھەمراھ بولغان زىيانغا ئۇچرار.

21گۇناھكارلارنىڭ كەينىدىن بالا قوغلىشار،

ھەققانىيلار ياخشى ئىنئام ئالار.

22ياخشى ئادەم مىراس قالدۇرار ئەۋلادلىرىغا،

گۇناھكارلارنىڭ مال-دۇنيالىرى قالار ھەققانىيلارغا.

23يوقسۇلنىڭ بوز يېرى تېرىلىشى بىلەن مول ھوسۇل بېرەر،

بىراق ئادالەتسىزلىك تۈپەيلىدىن تارتىۋېلىنار.

24ئوغلىدىن تاياقنى ئايىسا، ئۇنى ئۆچ كۆرگەنلىك بولار،

ئوغلىنى سۆيسە، دەل ۋاقتىدا ئۇنىڭغا تەربىيە قىلار.

25ھەققانىي ئادەم تويغۇچە غىزالىنار،

ياماننىڭ قورسىقى ئاچلىقتا تارتىشار. 


14

1ئاقىل ئايال ئائىلىسىنى روناق تاپقۇزار،

ئەخمەق ئايال ئۆز قولى بىلەن ئائىلىسىنى بۇزار.

2پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنەر توغرا يولدا ماڭغۇچى،

كۆزگە ئىلماس ئۇنى ئەگرى يولدا يۈرگۈچى.

3توقماق بولار ئۆزىگە ئەخمەقنىڭ تەكەببۇر ئاغزى،

ئۆزىنى قوغدار ئاقىلنىڭ تىلى.

4ئۆكۈزۈڭ بولمىغاندا ئوقۇر قۇرۇق تۇرار،

لېكىن ئۆكۈزنىڭ كۈچى بىلەن مول ھوسۇل بولار.

5ئاغزىدىن يالغان سۆز چىقماس سادىق گۇۋاھچىنىڭ،

تىنىقىدىن يالغانچىلىق چىقىپ تۇرار ساختا گۇۋاھچىنىڭ.

6مازاق قىلغۇچىنىڭ دانالىقنى ئىزدىشى بىھۇدىدۇر،

ئاقىلغا بىلىم ئېلىش ئاساندۇر.

7نېرى تۇت ئۆزۈڭنى ئەخمەقتىن،

ئالالمايسەن نە بىلىم ئۇنىڭ لەۋزىدىن.

8زېرەكنىڭ دانالىقى ئۆز يولىنى چۈشەنگەنلىكىدە،

ئەخمەقلەرنىڭ ئەقىلسىزلىقى ئالدامچىلىق قىلىشىدا.

9مەسخىرىلىك كۈلەر ئەخمەقلەر گۇناھقا،

كەڭچىلىك بولار ھەققانىيلارنىڭ ئارىسىدا.

10يۈرەك ئۆز دەردىنى ئۆزىلا بىلىدۇ،

خۇشاللىقىغىمۇ باشقىلار شېرىك بولالمايدۇ.

11ئۆيى ۋەيران بولار ياماننىڭ،

گۈللەپ ياشنار ھەققانىينىڭ.

12بەزى يوللار توغرىدەك كۆرۈنەر كىشىگە،

لېكىن ئاخىرى ئېلىپ بارار ئۆلۈمگە.

13بەزىدە كۈلۈپ تۇرسىمۇ، ئازاب يۈرەكنى ئاغرىتار،

خۇشاللىق بەزىدە غەم-قايغۇ بىلەن ئاخىرلىشار.

14يولدىن چىققانلار تېگىشلىك جازا تارتار.

ياخشى ئادەم ياخشىلىقىدىن تارتۇقلىنار.

15گول كىشى ئىشىنىپ كېتەر ھەممە گەپكە،

زېرەك ئادەم ئويلىنار ھەر قەدەمدە.

16دانا ئېھتىياتچان بولۇپ، يامانلىقتىن نېرى تۇرار،

ئەقىلسىز بەڭباش بولۇپ، بىپەرۋالىق قىلار.

17مىجەزى ئىتتىك ئادەم ئەخمىقانە ئىش قىلار،

بەتنىيەت نەپرەتكە قالار.

18گول ئادەملەرگە ئەخمەقلىق مىراس قالار،

زېرەكلەرگە بىلىم تاج بولۇپ تاقىلار.

19باش ئېگەر يامانلار ياخشىلارنىڭ ئالدىدا،

رەزىللەر ھەققانىينىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا.

20نامراتقا يېقىنىمۇ ئۆچ بولار ھەتتا،

دوست تارتىدىغانلار كۆپ بولار بايغا.

21يېقىنىنى پەس كۆرگەن گۇناھكاردۇر،

ھاجەتمەنلەرگە رەھىم قىلغان بەختلىكتۇر.

22بەرھەق، يامان نىيەتلىك يولدىن ئادىشار،

ياخشى نىيەتلىك مۇھەببەت ۋە سادىقلىقنى تاپار.

23كېلەر ھەربىر مېھنەتتىن پايدا،

قالدۇرار قۇرۇق پاراڭ ئادەمنى موھتاجلىقتا.

24ئاقىلنىڭ ئېرىشكەن بايلىقى ئۇنىڭ شۆھرەت تاجىدۇر،

نادانلىقىدىن ئەخمەققە پەقەت نادانلىق قالۇر.

25قۇتقۇزار كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى چىن گۇۋاھلىق بەرگۈچى،

خائىنلىق قىلار تىنىقىدىن يالغانچىلىق چىقىپ تۇرغۇچى.

26پەرۋەردىگاردىن ئەيمەنگۈچىنىڭ يۆلەنچۈكى بار،

ئۇنىڭ بالىلىرىمۇ ھىمايىگە ئىگە بولار.

27پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش بۇلىقىدۇر ھاياتلىقنىڭ،

كىشىنى خالىي قىلار تۇزىقىدىن ئۆلۈمنىڭ.

28پادىشاھنىڭ شان-شەرىپى پۇقراسىنىڭ كۆپ بولۇشىدىن،

ھۆكۈمدارنىڭ ھالاكىتى پۇقراسىنىڭ يوق بولۇشىدىن.

29ئەقىل-ئىدراكقا ئىگە ئېغىر-بېسىق كىشى،

ئاشكارىلار ئەخمەقلىقىنى چېچىلغاق كىشى.

30تەننىڭ ساغلاملىقىدۇر كۆڭۈل خاتىرجەملىكى،

چىرىتار ھەسەتخورلۇق سۆڭەكنى.

31كەمبەغەلنى ئەزگەنلىك ئۇنىڭ ياراتقۇچىسىغا ھاقارەت كەلتۈرگەنلىكتۇر،

ھاجەتمەنگە شاپائەت قىلغانلىق ئۇنىڭ ياراتقۇچىسىنى ئۇلۇغلىغانلىقتۇر.

32يامان يامانلىقى تۈپەيلىدىن يىقىلار،

ھەققانىي سەكراتتا ياتقاندىمۇ باشپاناھىغا ئۆزىنى تاپشۇرار.

33ئالار دانالىق ئاقىلنىڭ كۆڭلىدە چوڭقۇر ئورۇننى،

بىلدۈرەر ئەخمەقلەرنىڭ ئارىسىدىمۇ ئۆزىنى.

34كۆتۈرەر ھەققانىيەت خەلقنىڭ ئابرۇيىنى،

نومۇسقا قالدۇرار گۇناھ ھەرقانداق ئەلنى.

35چېچەن ئەمەلدارغا ياغار پادىشاھنىڭ ئىلتىپاتى،

شەرمەندە ئەمەلدارغا بولسا ئۇنىڭ غەزىپى.


15

1مۇلايىم جاۋاب باسار غەزەپنى،

قوپال سۆز قوزغار ئاچچىقنى.

2دانالارنىڭ سۆزى بىلىمگە جەلپ قىلار،

ئەخمەقلەرنىڭ ئاغزىدىن نادانلىق ياغار.

3ھەر يەرگە چۈشەر پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرى،

كۈزىتىپ تۇرار ئۇ ياخشى-ياماننى.

4ھاياتلىق دەرىخىدۇر مۇلايىم تىل،

كىشىنىڭ روھىنى چۈشۈرەر ھىيلە-مىكىرلىك تىل.

5رەت قىلار ئەخمەق ئاتىسىنىڭ تەربىيىسىنى،

زېرەك بولار تەنبىھكە قۇلاق سالغۇچى.

6ئۆيىدە مول بايلىق بولار ھەققانىينىڭ،

بالا-قازا ئېلىپ كېلەر تاپقىنى ياماننىڭ.

7بىلىم تارقىتار دانانىڭ تىلى،

ئۇنىڭغا ئوخشىماس ئەقىلسىزنىڭ دىلى.

8پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر يامانلارنىڭ قۇربانلىقى،

ئۇنىڭ خۇرسەنلىكىدۇر ئادىللارنىڭ دۇئاسى.

9پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر ياماننىڭ يولى،

ياخشى كۆرەر ئۇ ھەققانىيلىقنى ئىزدىگۈچىنى.

10دۇچ كېلەر قاتتىق جازاغا توغرا يولنى تاشلىغۇچى،

ھالاك بولار تەنبىھىنى رەت قىلغۇچى.

11پەرۋەردىگارغا ئايان تۇرسا ئۆلۈكلەر ماكانى،

تېخىمۇ ئايان بولماسمۇ ئىنسانلارنىڭ دىلى؟

12مەسخىرە قىلغۇچى تەنبىھنى ياقتۇرماس،

دانالارنىڭ ئالدىغا ئۇ بارماس.

13كۆڭۈل شاد بولسا، خۇش چىراي بولار،

قەلب ئازابلانسا، روھى سۇنار.

14تەشنا بولار بىلىمگە ئاقىلنىڭ يۈرىكى،

قانائەت تاپار نادانلىقتىن ئەقىلسىزنىڭ ئاغزى.

15كەمبەغەلنىڭ ھەربىر كۈنى مۇشەققەتلىكتۇر،

لېكىن ئۇ كۆڭلىنى شاد تۇتسا دائىما زىياپەتتە بولغاندەكتۇر.

16مول بايلىقى بىلەن تەشۋىشتە ئۆتكەندىن،

ئەۋزەلدۇر ئاز دۇنيا بىلەن ئەيمىنىپ ئۆتكەن پەرۋەردىگاردىن.

17ئۆچ-ئاداۋەت ئىچىدە بوردىغان مالنىڭ گۆشىنى يېگەندىن كۆرە،

ئەۋزەلدۇر كۆكتات يېگەن مېھىر-مۇھەببەت ئىچرە.

18تېرىككەك جېدەل چىقىرار،

سەۋرچان تالاش-تارتىشلارنى تىنچلاندۇرار.

19ھۇرۇننىڭ يولى گويا تىكەنلىك چاتقاللىقتۇر،

دۇرۇسنىڭ يولى بولسا داغدام يولدۇر.

20شادلاندۇرار ئەقىللىق ئوغۇل ئاتىسىنى،

كەمسىتەر ئەقىلسىز ئانىسىنى.

21ئەخمەقلىقى بىلەن خۇش بولار ئەقلى يوقلار،

توغرا ئىش كۆرەر ئەقىل-ئىدراكلىقلار.

22پىلانلار مەغلۇپ بولار مەسلىھەت بولمىغاندا،

مۇۋەپپەقىيەتلىك بولار مەسلىھەتچى كۆپ بولغاندا.

23جايىدا بېرىلگەن جاۋاب كىشىنى خۇش قىلۇر،

دەل ۋاقتىدا قىلغان سۆز نەقەدەر ياخشىدۇر!

24داناغا ئۇزۇن ئۆمۈر بېغىشلار ھاياتلىق يولى،

ئۆلۈكلەر ماكانىدىن يىراقلاشتۇرار ئۇنى.

25پەرۋەردىگار ۋەيران قىلار تەكەببۇرنىڭ ئۆيىنى،

ساقلاپ قالار تۇل خوتۇننىڭ ئۆي-زېمىنىنى.

26پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر يامانلارنىڭ ئوي-پىكىرى،

ساپ بىلىنەر ئاق كۆڭۈلنىڭ يېقىملىق سۆزلىرى.

27ئاچكۆز كىشى ئۆز ئائىلىسىگە كۈلپەت كەلتۈرەر،

پارىخورلۇقتىن نەپرەتلەنگۈچى ئۇزاق ئۆمۈر كۆرەر.

28ھەققانىي ئادەم ئۆزىنى دەڭسەپ سۆزلەر،

يامان ئادەمنىڭ ئاغزىدىن شۇملۇق تۆكۈلەر.

29پەرۋەردىگار ياماندىن يىراق تۇرار.

ھەققانىينىڭ دۇئاسىغا ئۇ قۇلاق سالار.

30خۇش چىراي كۆڭۈلنى شادلاندۇرار،

خۇش خەۋەر ئۇستىخانغا ئەت قوندۇرار.

31ھاياتلىق بېرىدىغان تەنبىھكە قۇلاق سالغانلار،

دانالار ئارىسىدا ياشار.

32تەربىيىنى رەت قىلغان ئۆزىنى خار قىلار،

تەنبىھكە قۇلاق سالغان ئەقىل تاپار.

33پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ئادەمگە دانالىق ئۆگىتەر،

ئىززەت-ھۆرمەتنىڭ ئالدىدا كىچىك پېئىللىق يۈرەر.


16

1كۆڭۈلدىكى ئوي-پىكىرلەر ئىنساندىندۇر،

ئۇنىڭ توغرا جاۋاب بېرىشى خۇدانىڭ ئىلھامىدىندۇر.

2ئىنسان پاك دەپ بىلەر ئۆزىنىڭ قىلغان ھەممە ئىشىنى،

لېكىن پەرۋەردىگار دەڭسەپ كۆرەر ئادەمنىڭ نىيىتى.

3تاپشۇر قىلماقچى بولغان ئىشلىرىڭنى پەرۋەردىگارغا،

نەتىجىلىك بولار پىلانلىرىڭ شۇندا.

4پەرۋەردىگار بارلىق مەۋجۇداتنى مەقسەتلىك ئورۇنلاشتۇرغاندۇر،

ھەتتا يامانلارنى بالايىئاپەت كۈنىگە قالدۇرغاندۇر.

5پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر تەكەببۇرلار،

مۇقەررەركى، جازاسىز قالماس ئۇلار.

6ئۆزگەرمەس مۇھەببەت بىلەن گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنار،

پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ئادەملەرنى يامانلىقتىن خالىي قىلار.

7پەرۋەردىگارنى خۇرسەن قىلسا ئادەمنىڭ تۇتقان يولى،

پەرۋەردىگار ھەتتا ياراشتۇرار دۈشمەنلىرى بىلەن ئۇنى.

8مول بايلىقنى تاپقاندىن ئادالەتسىزلىك بىلەن،

ئەۋزەلدۇر ئاز تاپقان ھەققانىيلىق بىلەن.

9ئىنسان ئۆز يولى ئۈچۈن پىلان تۈزەر كۆڭلىدە،

ئەمما پەرۋەردىگار قارار قىلار ئۇنىڭ قەدىمىگە.

10پەرۋەردىگارنىڭ ئىلھامى بار پادىشاھنىڭ قارارىدا،

ئادالەتسىزلىك چىقماس ئۇنىڭ ئاغزىدىن ھۆكۈم چىقارغىنىدا.

11ئادىل تارازا-مىزانلار خۇداغا خاستۇر،

تارازا تاشلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئىجادىدۇر.

12پادىشاھنىڭ يامانلىق قىلىشى ئۆزى ئۈچۈن يىرگىنچلىكتۇر،

چۈنكى تەختنىڭ مەزمۇت تۇرۇشى ھەققانىيەت بىلەندۇر.

13خۇرسەن قىلار توغرا سۆز پادىشاھنى،

سۆيەر ئۇ ھەق سۆزلىگەنلەرنى.

14ئۆلۈمنىڭ ئەلچىسىدۇر پادىشاھنىڭ غەزىپى،

بىراق قايتۇرار دانا كىشى ئۇنىڭ غەزىپىنى.

15ھايات قېلىشقا نىشانىدۇر پادىشاھنىڭ تەبەسسۇمى،

گويا باھاردىكى يامغۇردەكتۇر ئۇنىڭ شەپقىتى.

16دانالىققا ئېرىشىش ئالتۇنغا ئېرىشىشتىن كۆپ ئەۋزەلدۇر،

ئەقىل-ئىدراكلىقنى تاللاش كۈمۈشنى تاللاشتىن ئەلادۇر.

17توغرا ئادەمنىڭ داغدام يولى يامانلىقتىن يىراقتۇر،

يولىغا ئېھتىيات قىلىشنىڭ ئۆزى جېنىنى ساقلاپ قېلىشتۇر.

18ئاۋۋال كېلەر تەكەببۇرلۇق ھالاكەتتىن،

ھاكاۋۇرلۇق يىقىلىشتىن.

19تەكەببۇرلار بىلەن ھارام ئولجا بۆلۈشكەندىن كۆرە،

ياشاش ئەۋزەلدۇر كەمتەر بولۇپ ئېزىلگەنلەر بىلەن بىللە.

20روناق تاپار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە كۆڭۈل قويغانلار،

بەختلىك بولار ئىشەنچىنى پەرۋەردىگارغا باغلىغانلار.

21كۆڭلىگە دانالىق ئورنىغۇچى پاراسەتلىك دەپ ئاتىلار،

يېقىملىق سۆزلەر تېخىمۇ قايىل قىلارلىق بولار.

22ئەقىل-ئىدراك ئۆز ئىگىسى ئۈچۈن ھايات بۇلىقىدۇر،

ئەخمەقنىڭ ئۆز ئەخمەقلىقى ئېلىپ كېلىدىغىنى جازادۇر.

23دانانىڭ قەلبىدىكى دانالىق ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىقار،

سۆزلىرى تېخىمۇ قايىل قىلارلىق بولار.

24يېقىملىق سۆزلەر گويا ھەسەلدۇر،

جانغا راھەت، تەنگە شىپادۇر.

25بەزى يوللار توغرىدەك كۆرۈنەر كىشىگە،

لېكىن ئاخىرى ئېلىپ بارار ئۆلۈمگە.

26ئەمگەكچىنىڭ ئىشتىيى ئۇنى تۇتار ئەمگەككە،

ئاچ قارنى مەجبۇرلار ئىشلەشكە.

27قوزغار يامانلىقنى ئۆكتەم كىشى،

ئوخشار لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا ئۇنىڭ زۇۋانى.

28جېدەل-ماجىرانى كېڭەيتەر ھىيلىگەرنىڭ سۆزى،

بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتەر غەيۋەت يېقىن دوستلارنى.

29ئېزىقتۇرار زوراۋان كىشى ئۆز يېقىنىنى،

باشلار يامان يولدا مېڭىشقا ئۇنى.

30كۆز قىسىش بىلەن شۇملۇق ئويلار،

لېۋىنى چىڭ يۇمۇش بىلەن يامانلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرار.

31ھەققانىيەت يولىدا ئاقارغان چاچ ھۆرمەت تاجىدۇر.

32ئەۋزەلدۇر سەۋرچان ئادەم باتۇردىن،

ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش شەھەر ئالغاندىن.

33چەك ئېتەككە تاشلانغىنى بىلەن،

ھۆكۈم قىلىش پەرۋەردىگاردىندۇر. 


17

1جېدەل-ماجىرالىق ئۆيدىكى مول داستىخاندىن كۆرە،

بىر بۇردا قۇرۇق نان ئەۋزەلدۇر تىنچ-خاتىرجەملىكتە.

2چېچەن خىزمەتكار خوجايىنىنىڭ يۈزىنى تۆكىدىغان ئوغلىنى باشقۇرار،

ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قاتارىدا ئوخشاش مىراس ئالار.

3ئالتۇن-كۈمۈش ئوتتا تاۋلىنار،

ئادەمنىڭ قەلبىنى پەرۋەردىگار سىنار.

4كۆڭۈل قويار قەبىھ سۆزگە يامانلىق قىلغۇچى،

قۇلاق سالار غەيۋەت-شىكايەتكە يالغانچى.

5كەمبەغەلنى مازاق قىلغان ھاقارەت كەلتۈرەر ياراتقۇچىسىغا،

باشقىلارنىڭ بەختسىزلىكىگە شادلانغان چوقۇم دۇچ كېلەر جازاغا.

6تاجىدۇر نەۋرىلەر مويسىپىتلارنىڭ،

پەخرىدۇر ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلەرنىڭ.

7ناتىقلىق ئەخمەققە ياراشماس،

يالغان سۆز مۆتىۋەرگە ھېچ قاملاشماس.

8پارا بىر تۇماردۇر ئۇنى بەرگۈچىنىڭ نەزىرىدە،

نەگىلا بارسا ئۇ ئېرىشىدىغاندەك مۇۋەپپەقىيەتكە.

9مۇھەببەتنى چىڭايتار گۇناھنى كەچۈرگۈچى،

يېقىن دوستىدىن ئايرىلار كونا خاماننى سورىغۇچى.

10بېرىلگەن بىر ئېغىز تەنبىھ داناغا،

ئۈنۈملۈك بولار ئۇرۇلغان يۈز دەررىدىن نادانغا.

11كۆزلەر رەزىل پەقەت ئىسيان كۆتۈرۈشنى،

شۇڭا ئەۋەتىلەر ئۇنىڭغا رەھىمسىز ئەلچى.

12ئۇچراپ قالغاندىن ھاماقەتنىڭ ئەخمەقلىق قىلىشىغا،

ياخشىراقتۇر ئۇچراپ قېلىش كۈچۈكلىرىدىن ئايرىلغان ئېيىققا.

13كىمكى ياخشىلىققا قىلسا يامانلىق،

ئۆيىدىن كەتمەس يامانلىق.

14توسمىدىكى سۇ تاشقاندەكتۇر جېدەلنىڭ باشلىنىشى،

شۇڭا جېدەل ئەۋجىگە چىقىشتىن ئاۋۋال توختات ئۇنى.

15ياماننى ئاقلىغانلىق بىلەن ھەققانىينى قارىلىغانلىق،

ھەر ئىككىسى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىك.

16پۇلنىڭ نېمە پايدىسى ئەخمەقنىڭ قولىدىكى؟ سېتىۋالالامتى دانالىقنى؟

پەقەت يوق ئۇنىڭغا ئېرىشىش نىيىتى.

17دوست ساڭا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەر ھەرقاچان،

قېرىنداش ئېغىر كۈنلەردە ھەمدەم بولۇشقا تۇغۇلغان.

18قول بېرىپ ئەقىلسىز كىشى كېپىل بولار ئۆزگىگە.

19گۇناھ قىلىشقا ئامراقتۇر جېدەلخور كىشى،

ئۆز بوسۇغىسىنى ئېگىز قىلغان يىقىلار ئۆزى.

20كۆرمەس ياخشىلىق نىيىتى يامان،

تارتار ھىيلە-مىكىرلىك تىل زىيان.

21ئەخمەقنىڭ ئاتىسى بولۇش قايغۇلۇقتۇر،

ناداننىڭ ئاتىسىنىڭ خۇشاللىقى يوقتۇر.

22بەخش ئېتەر شاد كۆڭۈل شىپالىقنى،

قۇرۇتار روھى سۇنۇقلۇق يىلىكنى.

23پارا ئالار يەڭ ئىچىدە چىرىك كىشى،

شۇندا بۇرمىلار ئادالەت يولىنى.

24دانالىق تۇرار ئەقىللىقنىڭ كۆز ئالدىدا،

ئەقىلسىز خىيالىي قارار تۆت ئەتراپقا.

25ئازابقا سالار ھاماقەت ئوغۇل ئاتىسىنى،

دەرد-ئەلەمگە قويار ئانىسىنى.

26ناتوغرىدۇر ھەققانىيلارغا جەرىمانە قويۇش،

ئادالەتنى قوللىغىنى ئۈچۈن ئەمەلدارلارنى ئۇرۇش.

27بىلىملىك كىشى كەم سۆز بولار،

ئەقىل-ئىدراكلىق ئادەم ئېغىر-بېسىق كېلەر.

28ھەتتا ئەخمەقمۇ جىم تۇرۇۋالسا ئاقىل ھېسابلىنار،

ئاغزىنى يۇمۇۋالسا پاراسەتلىك كۆرۈنەر. 

 

 


18

1توپتىن ئايرىلغان ئويلار ھامان ئۆزىنىلا،

قارشى چىقار ئۇ ھەرقانداق دانالىققا.

2ئەخمەق قىزىقماس ئەقىل-ئىدراكقا،

پەقەت قىزىقار ئوي-پىكىرلىرىنى ئېيتىشقا.

3تەڭ كېلەر يامان كىشى نەپرەت بىلەن،

نومۇس ئىزا-ئاھانەت بىلەن.

4ئادەمنىڭ ئاغزىدىن چىققان سۆزلەر ئوخشار چوڭقۇر سۇغا،

دانالىق ئوخشار بۇلدۇقلاپ تۇرغان بۇلاققا.

5يامانغا يان بېسىپ ھۆكۈمدە،

ھەققانىينى ناھەقچىلىققا ئۇچرىتىش ناتوغرا ئەلۋەتتە.

6جېدەل چىقىرار ھاماقەتنىڭ تىلى،

ئۆزىنى تاياققا تۇتۇپ بېرەر ئۇنىڭ ئاغزى.

7ھاماقەتنىڭ ئاغزى ئۆزىگە بالادۇر.

ئۇنىڭ تىلى ئۆز جېنىغا قاپقاندۇر.

8ئوخشار غەيۋەت مەززىلىك تاماققا،

سىڭىپ كېتەر تەنگە تېزلا.

9كىمكى ھۇرۇن بولسا ئۆز ئىشىدا،

قېرىنداش بولۇر بۇزغۇنچىغا.

10مەزمۇت قەلئەدەكتۇر پەرۋەردىگارنىڭ نامى،

ئامان بولۇر ھەققانىيلار پاناھ تارتىپ ئۇنى.

11باينىڭ بايلىقى گويا ئۇنىڭ مەزمۇت قورغىنىدۇر،

ئۇنىڭ خىيالىدا ئۇ ئېگىز سېپىلدەكتۇر.

12ھالاكەتتىن ئىلگىرى ئادەمنىڭ يۈرىكىدە بولۇر تەكەببۇرلۇق.

ئىززەت-ھۆرمەتتىن ئىلگىرى يۈرەر كىچىك پېئىللىق.

13سۆزنى ئاخىرىغىچە ئاڭلىماي تۇرۇپ جاۋاب بەرگەن كىشى،

چاندۇرۇپ ئەخمەقلىقىنى، قالدۇرار خىجالەتتە ئۆزىنى.

14ئادەم روھى بىلەن بەرداشلىق بېرەر ئاغرىق ئازابىغا،

بىراق كىممۇ چىدىيالار روھى سۇنۇقلۇققا؟

15بىلىم ئالار ئاقىلنىڭ قەلبى،

بىلىمگە تەلپۈنەر دانانىڭ ئۆزى.

16سوۋغات ئاچار كىشىگە ئاسانلىق ئىشىكىنى،

باشلاپ بارار چوڭ ئەربابلارنىڭ ئالدىغا ئۇنى.

17ھەق بىلىنەر ئاۋۋال سۆزلىگۈچىنىڭ سۆزى داۋادا،

قارشى تەرەپ كېلىپ سوئال قويۇپ تەكشۈرگىچە ئۇنىڭغا.

18چەك تاشلاش ئارقىلىق تۈگەتكىلى بولار جاڭجالنى،

يوقاتقىلى بولار مۆتىۋەرلەر ئارىسىدىكى تالاش-تارتىشلارنى.

19رەنجىگەن قېرىندىشىغا يېقىنلىشىش قىيىن كىرىشتىنمۇ مەزمۇت قورغانغا،

ئارىسىدىكى جېدەل-ماجىرا ئوخشار قورغاننىڭ تۆمۈر رېشاتكىلىرىغا.

20دانا سۆز خۇددى ئېسىل تاماقدەك كىشىنى مەمنۇن قىلار،

توغرا سۆز كۆڭۈلگە ياقار.

21ھايات-مامات تىلنىڭ ئىلكىدە بولار،

ئۇنى سۆيگەن ئۇنىڭ مېۋىسىدىن ھوسۇل ئالار.

22ياخشى خوتۇن ئالغان كىشى ياخشىلىق تاپقان بولار،

ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ مەرھەمىتىگە ئىگە بولار.

23كەمبەغەل يالۋۇرۇپ سۆزلەر،

باي بولسا قوپال جاۋاب بېرەر.

24بەزى دوستلار ئۆزئارا بىر-بىرىنى خاراب قىلار،

لېكىن قېرىنداشتىنمۇ يېقىن دوست بولار.


19

1دىيانەت يولىدا ماڭغان كەمبەغەل كىشى،

ھىيلە-مىكىر بىلەن سۆزلەيدىغان ئەخمەقتىن ياخشى.

2بىلمەي تۇرۇپ قىزغىنلىق قىلىش ياخشى ئەمەس،

ئالدىراڭغۇلۇق بىلەن ئىش قىلغان نىشانغا يەتمەس.

3ئادەمنىڭ نادانلىقى ھايات يولىنى نابۇت قىلار،

ئۇ كۆڭلىدە يەنىلا پەرۋەردىگاردىن خاپا بولار.

4بايلىق دوستنى كۆپەيتەر،

كەمبەغەل بار دوستىدىنمۇ ئايرىلىپ قالار.

5ساختا گۇۋاھلىق بەرگۈچى جازالانماي قالماس،

يالغان ئېيتقۇچىمۇ قېچىپ قۇتۇلالماس.

6كۆپ كىشىلەر مەرد ئادەمدىن ئىلتىپات كۈتەر.

ھەممە كىشى سوۋغات بەرگۈچىگە دوست تارتار.

7يىرگىنەر كەمبەغەلدىن قېرىنداشلىرىمۇ، يىراقلىشار دوستلىرى تېخىمۇ،

بىكاردۇر ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ئۇ يالۋۇرۇپ بارسىمۇ.

8دانالىققا ئېرىشىش ئۆزىنى سۆيگەنلىكتۇر،

ئەقىل-ئىدراكلىق بولۇش بەخت تاپقانلىقتۇر.

9جازالانماي قالماس ساختا گۇۋاھلىق بەرگۈچى،

ھالاكەتتىن قۇتۇلالماس يالغان ئېيتقۇچى.

10ھەشەمەتلىك تۇرمۇش ئەخمەققە ياراشماس،

قۇلنىڭ ھۆكۈمدارلار ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرۈشى تېخىمۇ قاملاشماس.

11ئەقىل-ئىدراكلىق كىشى ئاچچىقلانماس ئاسانلىقچە،

باشقىلارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈشى شۆھرەت كەلتۈرەر ئۆزىگە.

12شىرنىڭ ھۆركىرىشىگە ئوخشاشتۇر پادىشاھنىڭ غەزىپى.

ئوت-چۆپكە چۈشكەن شەبنەمدەكتۇر ئۇنىڭ شەپقىتى.

13ھاماقەت ئوغۇل ئاتىسى ئۈچۈن بالادۇر،

خوتۇننىڭ جېدەللىرى تورۇستىن تامچىلىغان يامغۇردەكتۇر.

14مىراستۇر ئۆي ۋە مال-مۈلۈك ئاتا-بوۋىدىن،

ئەقىل-ئىدراكلىق خوتۇن پەرۋەردىگاردىن.

15ھۇرۇنلۇق كىشىنى غەپلەت ئۇيقۇسىغا غەرق قىلار،

بىكار تەلەپ ئاچلىقنىڭ دەردىنى تارتار.

16پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىغا ئەمەل قىلغان جېنىنى ساقلاپ قالار،

ئۇنىڭ يولىنى كەمسىتكەن ئادەم ھالاك بولار.

17نامراتقا ياردەم بېرىش پەرۋەردىگارغا قەرز بەرگەن بىلەن باراۋەر،

ئۇنىڭ قىلغان شاپائىتىنى پەرۋەردىگار قايتۇرار.

18پەرزەنتىڭگە بەر تۈزىتىش تەربىيىسى ئۈمىد بار ۋاقتىدا،

لېكىن غەزىپىڭ كەلگىنىدە ئۇنى نابۇت قىلما.

19قاتتىق قەھرلىك كىشى ئۆزىگە جازا ئەكېلەر،

قۇتقۇزساڭ ئۇنى بىر قېتىم، يەنە قۇتقۇزماق كېلەر.

20ئاڭلا نەسىھەتنى، قوبۇل قىل تەربىيىنى،

شۇنداق قىلغىنىڭدا دانا بولىسەن ئاخىرى.

21كىشىنىڭ كۆڭلىدە پىلان كۆپتۇر،

لېكىن ئەمەلگە ئاشىدىغىنى پەرۋەردىگارنىڭ مەقسىتىدۇر.

22كىشىنىڭ ئىستىكى سادىقلىقتۇر.

كەمبەغەل يالغانچىدىن ئەۋزەلدۇر.

23پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ئېرىشتۈرەر كىشىنى ھەقىقىي ھاياتلىققا،

ئۇ قانائەتلىك ياشاپ، ئۇچرىماس بالا-قازاغا.

24سوزار ھۇرۇن قاچىغا قولىنى،

لېكىن ئېرىنەر ئاغزىغا سېلىشقىمۇ غىزانى.

25مازاقچىنى ئۇر، ساددا ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئالار،

ئەقىللىققا تۈزىتىش تەربىيىسى بەر، ئۇ ئۆگىنىۋالار.

26ئاتىسىنى خورلىغان، ئانىسىنى ئۆيدىن ھەيدىگەن ئوغۇل،

ئۇلارغا ئۇيات ھەم شەرمەندىلىك كەلتۈرگەندۇر.

27ئەي ئوغلۇم، توختاتساڭ نەسىھەت ئاڭلاشنى،

قاچۇرغىنىڭدۇر ئىلىم-ھېكمەتتىن ئۆزۈڭنى.

28پاسىق گۇۋاھچى مازاق قىلار ئادالەتنى،

ياماننىڭ ئاغزى يالمار رەزىللىكنى.

29تەيياردۇر مازاق قىلغۇچىلارغا جازا،

ھاماقەتلەرنىڭ دۈمبىسىگە قامچا. 


20

1شاراب مەسخىرىچى، ھاراق جېدەل-ماجىراچى،

ئەقىلسىزدۇر ھەربىر ھاراق-شاراب ئىچىپ ئازغۇچى.

2پادىشاھنىڭ غەزىپى شىرنىڭ ھۆركىرىشىگە ئوخشاشتۇر،

ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈش ئۆزىنىڭ جېنىنى تەۋەككۈل قىلغانلىقتۇر.

3ماجىرادىن ئۆزىنى تارتىش ئىززەت كەلتۈرەر كىشىگە،

ھەربىر ئەخمەق تەيياردۇر ئارىلىشىشقا جېدەلگە.

4ھۇرۇن دېھقان ئۆز پەسلىدە يەر ھەيدىمەس،

يىغىم پەيتى ھېچبىر ھوسۇل ئالالماس.

5چوڭقۇر قۇدۇقتىكى سۇغا ئوخشار ئادەمنىڭ ئوي-پىكىرى،

بىراق ئۇنى تارتىپ ئالالار ئەقىل-ئىدراكلىق كىشى.

6ئۆزىنى دوستقا سادىق دەيدىغانلار كۆپ بولار،

بىراق ھەقىقىي ئىشەنچلىك بىرىنى كىم تاپالار؟

7ھەققانىي ئادەم دىيانەت يولىدا ماڭار،

ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى بەختلىك بولار!

8پادىشاھ تەختىدە ئولتۇرۇپ ھۆكۈم چىقىرار،

نەزەر سېلىپ ھەممە ياماننى ياخشىدىن ئايرار.

9كىم قەلبىم پاكلاندى، گۇناھتىن تازىلاندىم دېيەلەر؟

10تارازىدا ۋە ئۆلچەمدە ئادىل بولمىغاندا،

ھەر ئىككىسى يىرگىنچلىك بىلىنەر پەرۋەردىگارغا.

11ئايان قىلار ھەتتا بالىمۇ قىلىقلىرىدىن ئۆزىنى،

ھەرىكىتىدە پاكلىق ۋە توغرىلىقنىڭ بار ياكى يوقلۇقىنى.

12كۆرىدىغان كۆزنى، ئاڭلايدىغان قۇلاقنى،

پەرۋەردىگار ياراتتى ھەر ئىككىسىنى.

13ئامراق بولما ئۇيقۇغا، بولمىسا نامراتلىقتا قالىسەن،

تىرىشساڭ ئۇيقۇڭنى ئېچىپ، مول نېمەتكە تويىسەن.

14خېرىدار باھا تالىشىپ «مال ناچار!» دەپ زارلىنار،

نېرىراققا بېرىپ «ئېسىل نەرسە ئالدىم» دەپ ماختىنار.

15ئالتۇنمۇ بار، لەئەل-ياقۇتلارمۇ كۆپتۇر،

بىراق دانا سۆز بولسا تېپىلغۇسىز گۆھەردۇر!

16ناتونۇشقا كاپالەت بولغان كىشىدىن كېپىلگە تونىنى ئېلىۋال،

ياتقا كېپىل بولغاندىن كېپىللىك ئال.

17ئالداپ تاپقان نان تاتلىق بولار،

بىراق كېيىن ئاغزىغا شېغىل تولار.

18پىلان مۇقىم بولار مەسلىھەت بىلەن،

جەڭ قىل ئاقىلانە مەسلىھەت بىلەن.

19پىتنىخور ئاشكارىلار سىرنى،

ۋالاقتەگكۈردىن قاچۇر ئۆزۈڭنى.

20كىمكى ئاتا-ئانىسىنى قارغىسا،

ئۆچەر ئۇنىڭ چىرىغى تۈن قاراڭغۇسىدا.

21ئاسان ئېرىشكەن مىراس،

ئاخىرىدا بەرىكەتلىك بولماس.

22يامانلىق قايتۇرىمەن دېمە يامانلىققا،

پەرۋەردىگارنى كۈت، ئۇ ياردەم بېرەر ساڭا.

23تارازىدا ساختىلىق قىلىش پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر.

ساختا ئۆلچەم قەبىھلىكتۇر.

24پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسىدىندۇر ئىنساننىڭ قەدەملىرى،

شۇنداق ئىكەن قانداق بىلەر ئىنسان ئۆز يولىنى؟

25يېنىكلىك بىلەن «خۇداغا ئاتىغان ھەدىيە» دەپ ۋەدە بېرىپ،

ئاندىن ئارىسالدا بولغان كىشى ئۆزى قىلتاققا كېتەر چۈشۈپ.

26دانا پادىشاھ توپان سورۇغاندەك سورۇۋېتەر يامانلارنى،

خامان تەپكەندەك ئايرىۋېتەر ئۇلارنى.

27پەرۋەردىگارنىڭ نۇرى چۈشۈپ روھىغا ئادەمنىڭ،

كۆزۈتۈپ تۇرار بارلىق ئوي-نىيىتىنى ئۇنىڭ.

28سادىقلىق ۋە ئىشەنچ پادىشاھنى قوغدار،

ئۇنىڭ تەختى سادىقلىق بىلەن مۇستەھكەم بولار.

29يىگىتلەرنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتى ئۇلارنىڭ شەرىپىدۇر،

ئاق چاچلىرى بولسا ياشانغانلارنىڭ ھۆرمىتىدۇر.

30قامچىنىڭ ئىزى كىشىنى يامانلىقتىن تازىلار،

تاياق كۆڭۈلنى پاكلىتار. 


21

1پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىدۇر پادىشاھنىڭ كۆڭلى،

باشلار ئۇ ئۆزى خالىغان تەرەپكە ئېرىق سۇيىدەك ئۇنى.

2ئىنسان توغرا دەپ بىلەر ئۆزىنىڭ ھەر بىر يولىنى،

لېكىن پەرۋەردىگار دەڭسەپ كۆرەر ئۇنىڭ قەلبىدىكىنى.

3ئادەمنىڭ ھەققانىي ۋە ئادىل ئىش قىلىشى،

قۇربانلىق قىلغىنىدىنمۇ بەكرەك خۇرسەن قىلار پەرۋەردىگارنى.

4گۇناھتۇر كۆزنىڭ تەكەببۇرلۇقى ۋە قەلبنىڭ ھاكاۋۇرلۇقى،

يامانلارنىڭ كىبىرلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشى.

5چوقۇم مولچىلىق كەلتۈرەر ئەستايىدىل ئادەمنىڭ پىلانى،

پەقەت موھتاجلىقتا قالار بارلىق ئالدىراڭغۇ كىشى.

6يالغان سۆزلەپ تاپقان بايلىقلار خۇددى،

ئۇچۇپ كېتىدىغان تۈتۈن، ئەجەللىك تۇزاق كەبى.

7ئۆز بېشىغا چىقار يامانلارنىڭ زالىملىقى،

چۈنكى رەت قىلار ئادالەت يولىدا مېڭىشنى.

8ئەگرىدۇر گۇناھكارنىڭ يولى،

دۇرۇستۇر پاكنىڭ ئىش-ھەرىكىتى.

9سوقۇشقاق خوتۇن بىلەن بىر ئۆيدە ياشاشتىن،

ئەۋزەلدۇر ئۆگزىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا ياشاش.

10ياماننىڭ كۆڭلى ھېرىسمەندۇر يامانلىققىلا،

ھىممەت قىلماس ئۇ ھەتتا ئۆز يېقىنلىرىغا.

11نادان ئىبرەت ئالار مازاقچى تارتىلغىنىدا جازاغا،

دانا بىلىم ئالار نەسىھەت بېرىلگەندە ئۇنىڭغا.

12ئادىل خۇدا كۆزىتىپ تۇرار ياماننىڭ ئۆيىنى،

زاۋاللىققا يۈز تۇتقۇزار ھامان يامانلارنى.

13كىمكى قۇلاق سالمىسا كەمبەغەللەرنىڭ داد-پەريادىغا،

ئۆزى داد-پەرياد قىلغاندىمۇ ھېچكىم جاۋاب بەرمەس ئۇنىڭغا.

14باسار يوشۇرۇن سوۋغات ئاچچىقنى،

يەڭ ئىچىدە بېرىلگەن پارا قەھر-غەزەپنى.

15ئادالەت بەجا كەلتۈرۈلگەندە ھەققانىيلار خۇشال بولار،

يامانلىق قىلغۇچىلار بولسا ۋەھىمىدە قالار.

16ئەقىل-ئىدراك يولىدىن چىققۇچى،

بولار ئۆلۈكلەرنىڭ ئارىسىدىكى بىرى.

17راھەت-پاراغەتكە بېرىلگەن كىشى نامرات قالار،

بېيىماس شاراب ئىچىش، ياغ چايناشقا ئامراقلار.

18ئۆزىگە قايتار رەزىلنىڭ ھەققانىيغا پىلانلىغان يامانلىقى،

ۋاپاسىزنىڭ دۇرۇسقا قىلغان يامان نىيىتى.

19سوقۇشقاق ۋە تېرىككەك خوتۇن بىلەن ياشاشتىن،

ئەۋزەلدۇر چۆل-باياۋاندا ياشاش.

20ئاقىلنىڭ ئۆيىدە ئارزۇلۇق بايلىق، نازۇنېمەتلەر،

ئەخمەقلەر بار دۇنياسىنى بۇزۇپ-چاچار.

21ھەققانىيەت ۋە سادىقلىقنى ئىزدىگەنلەر،

چىن ھاياتلىق، ھەققانىيلىق ۋە ھۆرمەتكە ئېرىشەر.

22ئېلىپ ئاقىل كۈچلۈكلەرنىڭ شەھىرىنى،

غۇلىتار ئۇلارنىڭ تايانچى بولغان قورغىنىنى.

23ئۆز ئاغزىغا ئىگە بولغان كىشى،

ساقلاپ قالار بالادىن ئۆزىنى.

24تەكەببۇرلۇق ۋە چوڭچىلىق قىلغان «مەسخىرىچى» دەپ ئاتىلار،

ئۇ زىيادە كىبىرلىك بىلەن ئىش قىلار.

25ھالاك قىلار ئۆزىنى ھۇرۇننىڭ تەمەسى،

چۈنكى ئىشقا بارماس ئۇنىڭ قولى.

26ئۇ كۈن بويى ئاچكۆزلۈك بىلەن تەمە قىلار،

ھەققانىي بولسا ئايىماي سېخىيلىق قىلار.

27يامانلارنىڭ قۇربانلىقى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر،

يامان غەرەزدە قىلىنغان بولسا تېخىمۇ شۇنداقتۇر.

28ساختا گۇۋاھلىق يوققا چىقار،

ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلىغۇچىنىڭ گۇۋاھلىقى مەڭگۈلۈك بولار.

29قېلىندۇر يامان ئادەمنىڭ يۈزى،

ئويلىنىپ ماڭار دۇرۇس ئۆز يولىنى.

30ھەرقانداق دانالىق، ئەقىل-ئىدراك ياكى مەسلىھەت،

قارشى بولسا پەرۋەردىگارغا، كارغا كەلمەس پەقەت.

31ئاتلار جەڭ ئۈچۈن تەييار قىلىنار،

بىراق غەلىبە پەقەت پەرۋەردىگاردىنلا بولار. 


22

1ئەۋزەلدۇر ياخشى نام زور بايلىقتىن،

چوڭقۇر ھۆرمەت ئالتۇن-كۈمۈشتىن.

2گاداي بىلەن باينىڭ ئورتاقلىقى شۇكى:

پەرۋەردىگار ياراتقۇچىدۇر ھەر ئىككىلىسىنى.

3زېرەك خەۋپ-خەتەرنى كۆرۈپ قاچار،

نادان قارىغۇلارچە ئالغا بېسىپ ئازاب تارتار.

4ئەيمەنسە كىمكى كەمتەرلىك بىلەن پەرۋەردىگاردىن،

بەھرىمەن بولۇر ئۇ باياشاتلىق، ھۆرمەت ۋە ھەقىقىي ھاياتلىقتىن.

5ھىيلىگەرلەرنىڭ يولىدا تىكەن، تۇزاقلار ياتار،

ھاياتىنى ئەزىزلىگەن كىشى ئۇلاردىن يىراق تۇرار.

6تەربىيىلە بالاڭنى توغرا يولدا مېڭىشقا،

چوڭ بولغاندىمۇ شۇ يولدىن چىقماس ئۇ شۇندا.

7باي كەمبەغەلنى باشقۇرار،

قەرزدار قەرز بەرگۈچىنىڭ قۇلى بولار.

8ناھەقلىق ئۇرۇقىنى چاچقان بالايىئاپەت ئورار،

ئۇنىڭ قەھر تايىقى ھامان سۇندۇرۇلار.

9سېخىي ئادەم بەرىكەت تاپار،

چۈنكى ئۇ يوقسۇللارغا ئۆز نېنىدىن بۆلۈپ بېرەر.

10مەسخىرىچىنى قوغلىساڭ، جاڭجال يوقىلار،

جېدەل-ماجىرا ۋە ھاقارەت ھەم تۈگەر.

11دىل پاكلىقىنى سۆيىدىغان ۋە سۆزلىرى يېقىملىق كىشى،

بولار پادىشاھنىڭ دوستى.

12قوغدار پەرۋەردىگار ھەقىقەتنى،

يوققا چىقىرار ۋاپاسىزنىڭ سۆزلىرىنى.

13ھۇرۇن شۇنداق دەر:«شىر بار تالادا،

يەم بولىمەن چىقسام كوچىغا».

14چوڭقۇر ئورىدۇر بۇزۇق ئايالنىڭ ئاغزى،

ئۇنىڭغا چۈشەر پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرگەن كىشى.

15نادانلىق قاپلىغاندۇر بالىلارنىڭ قەلبىنى،

نادانلىقنى قوغلىغۇچىدۇر تەربىيە تايىقى.

16قالار موھتاجلىقتا پەقەت، بايلىق ئۈچۈن يوقسۇلنى ئەزگۈچى،

بايلارغا ھەم سوۋغات بەرگۈچى.

ئوتتۇز نەسىھەت

17قۇلاق سال دانالارنىڭ سۆزلىرىگە،

كۆڭۈل قوي مەن ئۆگەتكەن ئىلىم-ھېكمەتكە.

18ياخشىدۇر ساقلىساڭ ئۇلارنى قەلبىڭدە،

تەييار بولسا تىلىڭدا ئۇلار ھەمىشە.

19ئىشەنچىڭنى باغلاش ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا،

بۈگۈن ئۇلارنى تونۇتىمەن ساڭا.

20ئىلىم-ھېكمەت ۋە كېڭەش بېرىش ئۈچۈن ساڭا،

يېزىپ بەرمىدىممۇ ئوتتۇز نەسىھەتنى مانا؟

21بۇنىڭدىندىكى مەقسەت سەن ھەقىقەتنى بىلىسەن،

ئۆزۈڭنى ئەۋەتكۈچىلەرگە ھەم ھەقىقىي جاۋاب بېرەلەيسەن.

(بىرىنچى نەسىھەت)

22يوقسۇل بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئېزىپ نەپ ئالما،

سوتتا يۆلەنچۈكى يوقنى بوزەك قىلما.

23چۈنكى ئاقلار پەرۋەردىگار ئۇلارنى،

ئالار ئۇ ئۇلارنى ئەزگەنلەرنىڭ جېنىنى.

(ئىككىنچى نەسىھەت)

24تېرىككەك ئادەم بىلەن دوست بولما،

قەھرلىك ئادەم بىلەن ئارىلاشما،

25سەنمۇ ئۇلارنى دورايسەن بولمىسا،

چۈشىسەن ئۆزۈڭ ھەم تۇزاققا.

(ئۈچىنچى نەسىھەت)

26بولما قول بېرىپ كېپىل بولغۇچىلاردىن،

قەرز تۆلەشكە كاپالەت بەرگۈچىلەردىن،

27قايتۇرغۇدەك نەرسەڭ بولمىغاندا ئۆزگىنىڭ قەرزىنى،

ياتقان ئورنۇڭنى تارتقۇزۇپ قويۇشۇڭنىڭ نېمە ھاجىتى؟

(تۆتىنچى نەسىھەت)

28يۆتكىمە قەدىمدە ئەجدادىڭ بەلگىلەپ قويغان پاسىلنى.

(بەشىنچى نەسىھەت)

29كۆرگەنسەن ئىشىغا ماھىر ئۇستىنى؟

ئۇ پۇقرانىڭ ئەمەس، پادىشاھلارنىڭ خىزمىتىدىدۇر. 


23

(ئالتىنچى نەسىھەت)

1ھۆكۈمدار بىلەن ھەمداستىخان بولغاندا،

ئۇنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئېسىڭدە ساقلا.

2ئەگەر نەپسىڭ يامان بولسا،

ئۆزۈڭنى تارت پىچاق قادالغاندەك بوغۇزۇڭغا.

3ئۇنىڭ نازۇنېمەتلىرىگە ئىشتەي ساقلىما،

ئالدامچىلىق يوشۇرۇلغاندۇر بەلكى ئۇلاردا.

(يەتتىنچى نەسىھەت)

4باي بولىمەن دەپ ئۇپراتما ئۆزۈڭنى،

ئەقىللىقلىق بىلەن تاشلا بۇ ئويۇڭنى.

5كۆزۈڭ بايلىققا چۈشكەندە ئۇ يوقىلار،

چۈنكى ئۇ بىردىنلا قانات چىقىرپ، بۈركۈتتەك ئۇچۇپ كېتەر.

(سەككىزىنچى نەسىھەت)

6بېخىلنىڭ نېنىنى يېمە،

ئىشتەي ساقلىما ئۇنىڭ نازۇنېمەتلىرىگە.

7چۈنكى ئۇ كۆڭلىدە ئۆزىنىڭ پايدىسىنى ئويلايدىغان ئادەمدۇر.

«تارتىنماي يەڭ، ئىچىڭ» دەر، بىراق كۆڭلى سەندە ئەمەستۇر.

8يېگەن تامىقىڭ يېنىپ چىقار،

ئېيتقان چىرايلىق سۆزلىرىڭ بىكار بولار.

(توققۇزىنچى نەسىھەت)

9ئەخمەققە سۆزلەپ ئاۋارە قىلما ئۆزۈڭنى،

چۈنكى كۆزگە ئىلماس ئۇ ئاقىلانە سۆزلىرىڭنى.

(ئونىنچى نەسىھەت)

10يۆتكىمە قەدىمدە بەلگىلەپ قويغان پاسىلنى،

تارتىۋالما يېتىملارنىڭ ئېتىزلىرىنى.

11چۈنكى قۇدرەتلىكتۇر ئۇلارنىڭ ھىمايىچىسى،

ئۇلارنىڭ تەرىپىنى ئالار ئۇ ساڭا قارشى.

(ئون بىرىنچى نەسىھەت)

12كۆڭۈل قوي نەسىھەتكە،

قۇلاق سال ھېكمەتلىك سۆزلەرگە.

(ئون ئىككىنچى نەسىھەت)

13بالاڭدىن تۈزىتىش تەربىيىسىنى ئايىما،

ئۇ ئۆلۈپ قالماس تاياق بىلەن سالغانغا.

14گەر ئۇرساڭ تاياق بىلەن ئۇنى،

ساقلاپ قالارسەن ئەجەلدىن ئۇنىڭ جېنىنى.

(ئون ئۈچىنچى نەسىھەت)

15ئەي ئوغلۇم، دانا بولساڭ، قەلبىم يايرار.

16توغرا سۆزلىسەڭ يۈرىكىم شادلىنار.

(ئون تۆتىنچى نەسىھەت)

17گۇناھكارلارغا ھەسەت قىلما،

پەرۋەردىگاردىن ئەيمەن دائىما.

18بەرھەق، باردۇر سېنىڭ ئىستىقبالىڭ.

يوققا چىقماس ئارزۇ-ئۈمىدىڭ.

(ئون بەشىنچى نەسىھەت)

19ئەي ئوغلۇم، سۆزۈمگە قۇلاق سال، بول دانا،

قەلبىڭنى توغرا يولغا بېغىشلا.

20بولما ھاراقكەشلەرنىڭ ئارىسىدا،

ئارىلاشما گۆشكە تويماسلارغا.

21چۈنكى ھاراقكەش ۋە تويماسلار يوقسۇللۇقتا قالار،

غەپلەت ئۇيقۇسى ئۇلارنى جۇل-جۇل كىيىمدە قالدۇرار.

(ئون ئالتىنچى نەسىھەت)

22ئاڭلا سېنى تاپقان ئاتاڭنىڭ سۆزىنى،

كەمسىتمە ئاناڭ ياشانغاندا ئۇنى.

23بەدەل تۆلىسەڭمۇ ھەقىقەتنى تاپ، ساتما ئۇنى،

تاپ ھەم دانالىق، تەربىيە ۋە پاراسەتنى.

24ھەققانىي ئوغلى بولغان ئاتا زور خۇشاللىق تاپار،

ئاقىل ئوغۇل تاپقان ئاتا ئۇنىڭدىن شادلىققا تولار.

25ئاتا-ئاناڭ سەندىن خوش بولسۇن!

سېنى تۇغقان ئاناڭ شادلانسۇن.

(ئون يەتتىنچى نەسىھەت)

26ئەي ئوغلۇم، ماڭا بېغىشلا قەلبىڭنى،

كۆزۈڭ بىلەن كۆزىتىپ تۇر يولۇمنى!

27پاھىشە ئايال چوڭقۇر ئورىدۇر،

بۇزۇق ئايال تار قۇدۇقتۇر.

28بۇنداق ئايال خۇددى قاراقچىلاردەك مۆكۈنۈپ تۇرار،

ئىنسانلار ئارىسىدا خوتۇنىغا ۋاپاسىز ئەرلەرنى ئاۋۇتار.

(ئون سەككىزىنچى نەسىھەت)

29كىملەر ئازاب-قايغۇدا؟ كىملەر جېدەل چىقىرار، زارلىنار؟

كىملەر سەۋەبسىز يارىلىنار؟ كىمنىڭ كۆزى مەيدىن قىزىرار؟

30مەي سورۇنىدا ئۇزاق ئولتۇرغانلار،

ئەبجەش شارابنى ئىچىشكە بېرىلگەنلەر شۇنداق كۈنگە قالار!

31شاراپنىڭ قىزىللىقىغا، جامدىكى جۇلاسىغا قارىما،

گېلىڭدىن شۇنداق سىلىق ئۆتكەنلىكىگە مەپتۇن بولما.

32ئاخىرىدا ئۇ سېنى يىلاندەك چېقىۋالار،

زەھەرلىك يىلاندەك نەشتىرىنى سانجار.

33كۆرۈنەر كۆزۈڭگە غەلىتە مەنزىرىلەر،

ئەقلىڭ ئېزىپ، چىقار ئاغزىڭدىن قالايمىقان سۆزلەر.

34بولارسەن خۇددى دېڭىز ئوتتۇرىسىدا لەيلەپ قالغاندەك،

كېمە موما ياغىچىنىڭ ئۇچىدا ياتقاندەك.

35دەرسەنكى: «مېنى دۇمبالىدى، ئاغرىمىدى! ئۇردى، بىلمىدىم ھېچنېمىنى.

قاچان ھوشۇمغا كېلىپ يەنە ئىچەرمەن مەينى!» 


24

(ئون توققۇزىنچى نەسىھەت)

1يامانلارغا ھەسەت قىلما،

ئۇلار بىلەن بىللە بولۇشنى ئارزۇ قىلما.

2ئۇلار كۆڭلىدە زوراۋانلىقنى ئويلار،

ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن شۇملۇق ياغار.

(يىگىرمىنچى نەسىھەت)

3ئۆي سېلىنار دانالىق بىلەن،

مۇستەھكەملىنەر ئەقىل-ئىدراك بىلەن.

4تولدۇرار بىلىم ئۆينىڭ خانىلىرىنى،

ھەرخىل قىممەتلىك ئېسىل بايلىقلار بىلەن.

(يىگىرمە بىرىنچى نەسىھەت)

5ئاقىل كۈچلۈكتىن قۇدرەتلىك بولار،

بىلىملىك ئادەم ئۆز قۇدرىتىنى ئاشۇرار.

6ئاقىلانە مەسلىھەت بىلەن ئۇرۇش ئېلىپ بار،

مەسلىھەتچى كۆپ بولغاندا غەلىبىلىك بولار.

(يىگىرمە ئىككىنچى نەسىھەت)

7يىراقتۇر دانالىق ئەخمەققە،

كۆپچىلىك يىغىلىشىدا ئەخمەق زۇۋان سۈرەلمەس.

(يىگىرمە ئۈچىنچى نەسىھەت)

8يامانلىق پىلانلىغان ئادەم «سۇيىقەستچى» ئاتىلۇر.

9ئەخمەقلىق بىلەن تۈزۈلگەن پىلان گۇناھتۇر،

ئادەم ئۈچۈن مازاقچى يىرگىنچلىكتۇر.

(يىگىرمە تۆتىنچى نەسىھەت)

10ئېغىر كۈندە جاسارىتىڭنى يوقاتساڭ،

سەن ئاجىزسەن.

(يىگىرمە بەشىنچى نەسىھەت)

11قۇتقۇز ئۆلۈم خەۋپىدە قالغانلارنى،

قۇتۇلدۇر ئۆلتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرغانلارنى.

12گەر«بىلمەپتىمەن» دەپ قاچۇرساڭ ئۆزۈڭنى،

ئىنسان كۆڭلىنى دەڭسىگۈچى كۆرۈپ تۇرماسمۇ بۇنى؟

ھاياتىڭنى قوغدىغۇچى بىلمەسمۇ؟

ئۇ ھەربىر ئادەمنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ ياندۇرماسمۇ؟

(يىگىرمە ئالتىنچى نەسىھەت)

13ئى ئوغلۇم، ھەسەل ئىستېمال قىل، ئۇ ياخشىدۇر.

ھەرە كۆنىكىدىن ئالغان ھەسەل تېخىمۇ تاتلىقتۇر.

14تاتلىقتۇر دانالىق ھەسەلدەك جېنىڭغا،

ئىستىقبالىڭ پارلاقتۇر گەر ئېرىشسەڭ ئۇنىڭغا،

ئارزۇ-ئۈمىدىڭ ھەم چىقماس يوققا.

(يىگىرمە يەتتىنچى نەسىھەت)

15رەزىلدەك ھەققانىينىڭ ئۆيىنى يوشۇرۇن پايلاپ تۇرما،

ئۇنىڭ ئۆيىنى ۋەيران قىلما!

16چۈنكى ئۇ يەتتە قېتىم يىقىلسىمۇ، يەنىلا ئورنىدىن تۇرار،

بىراق رەزىللەر بالا-قازادا يىقىلار.

(يىگىرمە سەككىزىنچى نەسىھەت)

17رەقىبىڭ يىقىلغاندا خۇشال بولما،

پۇتلاشقىنىدا ئىچ-ئىچىڭدىن شادلانما.

18بولمىسا ياقتۇرماس پەرۋەردىگار كۆرۈپ بۇنى،

توختىتار رەقىبىڭدىن غەزىپىنى.

(يىگىرمە توققۇزىنچى نەسىھەت)

19كۆڭلۈڭ بىسەرەمجان بولمىسۇن رەزىللەردىن،

يۈرىكىڭ ئېچىشمىسۇن ھەسەت قىلىپ يامانلاردىن.

20چۈنكى بولماس رەزىللەرنىڭ ئىستىقبالى،

ئۆچۈرۈلەر يامانلارنىڭ چىرىغى.

(ئوتتۇزىنچى نەسىھەت)

21ئەي ئوغلۇم! پەرۋەردىگاردىن قورقماس بولما،

پادىشاھنى ھۆرمەتلىمەي قالما،

ئۇلارغا قارشى چىققۇچىلارغا شېرىك بولما.

22چۈنكى ئۇشتۇمتۇت بالايىئاپەت ئۇلارغا كېلەر،

پەرۋەردىگار ۋە پادىشاھ كەلتۈرىدىغان ھالاكەتنى كىممۇ بىلەر؟

باشقا ئەقلىيە سۆزلەر

23بۇلارمۇ دانالارنىڭ سۆزلىرىدۇر:

ھۆكۈمدە بىر تەرەپكە يان بېسىش ياماندۇر.

24جىنايەتچىگە: «گۇناھسىز سەن» دەپ ھۆكۈم چىقارغۇچىنى،

قارغايدۇ خەلقلەر؛ ئۆچ كۆرىدۇ ئەل-جامائەت ئۇنى.

25بىراق ئۇلار جىنايەتچىنى ئەيىبلىگۈچىدىن خۇرسەن بولىدۇ،

بەخت-سائادەتلەر ئۇنىڭغا كېلىدۇ.

26سەمىمىي جاۋاب بەرگۈچى كۆرسىتەر چىن دوستلۇقنى.

27تۈگەتكىن ئاۋۋال سىرتتىكى ئىشلارنى،

ئورۇنلاشتۇرغىن ئېتىزدىكى ئىشلىرىڭنى،

قۇرغىن ئاندىن ئۆيۈڭنى.

28سەۋەبسىز يېقىنىڭغا قارشى گۇۋاھلىق قىلما،

يالغان سۆزلەپ ئالدىما.

29دېمە:«ئۇ ماڭا قانداق قىلغان بولسا، مەنمۇ ئۇنىڭغا شۇنداق قىلىمەن،

ئۇنىڭ ماڭا قىلغىنىدەك ياندۇرىمەن».

30ئۆتتۈم مەن ھۇرۇننىڭ ئېتىزلىقىدىن،

ئەقىلسىزنىڭ ئۈزۈمزارلىقىدىن.

31مانا ھەر يېرىدىن تىكەنلەر ئۆسۈپ چىققان،

ياۋا ئوت-چۆپلەر ھەممە يەرنى قاپلىغان،

قورۇق تېمى ئۆرۈلۈپ كەتكەن!

32ئۇلارنى كۆرۈشۈم بىلەن ئويغا پاتتىم،

كۆرگىنىمدىن مۇنداق ساۋاق ئالدىم:

33دېسەڭ: «بىرئاز كۆزۈمنى يۇمۇۋالاي، بىردەم ئۇخلىۋالاي،

يەنە بىردەم پۇت-قولۇمنى ئالماپ يېتىۋالاي»،

34يېنىڭغا كېلەر قاراقچىدەك نامراتلىق،

قوراللىق بۇلاڭچىدەك موھتاجلىق. 


25

سۇلايمان پادىشاھنىڭ پەند-نەسىھەتلىرىنىڭ داۋامى

1تۆۋەندە بايان قىلىنىدىغانلىرىمۇ سۇلايمان پادىشاھنىڭ پەند-نەسىھەتلىرى بولۇپ، بۇلارنى يەھۇدىيە* پادىشاھى خىزكىيانىڭ ئوردىسىدىكىلەر كۆچۈرۈپ توپلىغان.

2پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغلۇقىدۇر ئۇنىڭ كارامەتلىرىنىڭ سىرلىقلىقى،

پادىشاھلارنىڭ شۆھرىتىدۇر ئىشلارنىڭ تېگىگە يېتىپ يېشىشى.

3ئاسماننىڭ ئېگىزلىكىنى، يەرنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى بىلگىلى بولماس،

شۇنىڭغا ئوخشاش، پادىشاھلارنىڭ كۆڭلىدىكىنىڭ تېگىگە يەتكىلى بولماس.

4ئاۋۋال كۈمۈشنى تاۋلاپ، چىقىندىسىنى ئايرىپ تاشلا،

ئاندىن زەرگەر قۇيۇپ چىقىدۇ نەپىس بىر قاچا.

5ئاۋۋال پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىدىن قوغلىۋەت يامان مەسلىھەتچىلەرنى،

ئاندىن ھەققانىيەت بىلەن مۇستەھكەم بولار ئۇنىڭ تەختى.

6پادىشاھنىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭنى چوڭ تۇتما،

ياكى ئەربابلارنىڭ ئورنىدا تۇرۇۋالما.

7چۈنكى ئورنۇڭنى جانابقا بېرىشكە چاقىرىلىپ، پەگاھقا چۈشۈپ قالغاندىن،

باشقىلارنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن پەگاھتىن تۆرگە ئۆتكىنىڭ ئەۋزەل.

8ئالدىراڭغۇلۇق بىلەن سوتقا ئەرز قىلما،

قانداق قىلىسەن مۇبادا يېقىنىڭ سېنى شەرمەندە قىلسا؟

9مۇنازىرىلەش يېقىنىڭ بىلەن سېنىڭ ھەق بولسا،

لېكىن باشقىلارنىڭ سىرىنى ئاچما.

10بولمىسا، بۇنى ئاڭلىغۇچى قالدۇرار سېنى ئۇياتقا،

قۇتۇلالمايسەن سېسىق نامدىن شۇ چاغدا.

11جايىدا قىلىنغان سۆزلەر،

كۈمۈش تاۋاققا تىزىلغان ئالتۇن ئالمىلاردەكتۇر.

12قۇلاق سالغۇچى ئۈچۈن دانالارنىڭ تەنبىھى،

گويا ئالتۇن ھالقا ياكى ساپ ئالتۇن بېزەك كەبى.

13ئەۋەتكۈچى ئۈچۈن ساداقەتمەن ئەلچى،

خۇددى ئورما ۋاقتىدا قار سوغۇقى كەبى،

چۈنكى ئۇرغۇتار ئۇ خوجايىنىنىڭ روھىنى.

14سوۋغات بېرىمەن دەپ ماختانغان لېكىن بەرمىگەن كىشى،

خۇددى يامغۇرى يوق قارا بۇلۇت ۋە بوران كەبى.

15سەۋر-تاقەت بىلەن سۆزلىگەندە ھۆكۈمدار كۆنەر.

يۇمشاق سۆز سۆڭەكتىن ئۆتەر.

16ھەسەلگە ئېرىشكەندە پەقەت تويغۇچىلا يە،

كۆپ يەپ ياندۇرۇۋەتمە.

17ئاز دەسسىگىن قوشناڭنىڭ بوسۇغىسىغا،

تويۇپ سەندىن ئۆچ بولۇپ قالار بولمىسا.

18يېقىنىغا قارشى يالغان گۇۋاھلىق بەرگۈچى،

گويا توقماق، قىلىچ ۋە ئۆتكۈر ئوقتا زەربە بەرگەن كەبى.

19ئېغىر كۈنلەردە تايىنىش ۋاپاسىزغا،

ئوخشار چىرىگەن چىش، سۇنغان پۇتقا.

20ناخشا ئېيتىپ بېرىش غەمكىن كىشىگە،

ئوخشار سوغۇق كۈندە كىيىمىنى سالدۇرۇۋالغانغا،

ياكى تۇز قۇيغاندەك يارىسىغا.

21دۈشمىنىڭ ئاچ بولسا، نان بەر،

ئۇسسىغان بولسا، سۇ بەر.

22خىجالەتتە قالدۇرىسەن ئۇنى شۇندا،

ياندۇرار پەرۋەردىگار ساڭا.

23شىمال تەرەپتىن چىققان شامال قاتتىق يامغۇر ياغدۇرار،

چېقىمچىلىق بولسا غەزەپنى چىرايىغا چىقارار.

24سوقۇشقاق خوتۇن بىلەن بىر ئۆيدە ياشاشتىن،

ئەۋزەلدۇر ئۆگزىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا ياشاش.

25يىراق يۇرتتىن كەلگەن خوش خەۋەر خۇددى،

چاڭقاشنى قاندۇرغان مۇزدەك سۇ كەبى.

26رەزىلگە يول قويغان ھەققانىي كىشى،

خۇددى لېيىپ كەتكەن بۇلاق، بۇلغانغان قۇدۇق كەبى.

27ياخشى ئەمەستۇر ھەسەلنى ھەددىدىن زىيادە يېيش،

شەرەپلىك ئەمەستۇر شۆھرەتپەرەسلىك قوغلىشىش.

28ئۆزىنى تۇتۇۋالالمايدىغان كىشى،

خۇددى سېپىلى بۇزۇۋېتىلگەن شەھەر كەبى.



*1 سۇلايمان پادىشاھنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىدىن ئونى سۇلايماننىڭ ئوغلىنىڭ پادىشاھلىق قىلىشىغا قارشى تۇرۇپ، ئۆزلىرى ئايرىم پادىشاھلىق قۇرىدۇ. بۇ پادىىشاھلىق ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقى، قالغان ئىككى قەبىلە سۇلايماننىڭ ئوغلى ھوكۈمرانلىقىدا قۇرۇلغان پادىشاھلىق يەھۇدىيە پادىشاھلىقى دەپ ئاتىلىدۇ.



 

26

1يازدا قار، ئورما ۋاقتىدا يامغۇر قاملاشمىغاندەك،

ئەخمەققىمۇ ئىززەت-ھۆرمەت قاملاشماس.

2قۇشقاچ ئۇچۇپ، قارلىغاچ قانات قاققاندەك،

سەۋەبسىز قارغاشمۇ كىشىگە تەگمەس.

3ياراشقاندەك قامچا ئاتقا، نوختا ئېشەككە،

يارىشار دەررە ئەخمەقنىڭ دۈمبىسىگە.

4جاۋاپ قايتۇرما ئەقىلسىزنىڭ ئەخمەقلىقىگە يارىشا،

ئۇنىڭغا ئوخشاپ قالىسەن بولمىسا.

5جاۋاپ قايتۇر ئەقىلسىزنىڭ ئەخمەقلىقىگە يارىشا،

ئۇ ئۆزىنى ئەقىللىق چاغلاپ قالار بولمىسا.

6ئەخمەقتىن خەۋەر يوللىغان كىشى،

گويا ئۆز پۇتىنى ئۆزى چاپقان، زەھەر يۇتقان كەبى.

7كارغا كەلمىگەندەك پۇتلىرى توكۇرنىڭ،

كارغا كەلمەس ئاغزىدىكى پەند-نەسىھەت ئەخمەقنىڭ.

8ئىززەت-ھۆرمەت بىلدۈرۈش ئەخمەققە،

ئوخشار سالغىغا تاشنى باغلاپ قويغانغا.

9پەند-نەسىھەت ئەخمەقنىڭ ئاغزىدىكى،

گويا مەست شىلتىۋاتقان تىكەنلىك شاخ كەبى.

10ياللىسا ئەخمەقنى ياكى ئۇدۇل كەلگەن ئادەمنى كىمكى،

بولار قارىغۇلارچە ئوق ئاتقان مەرگەن كەبى.

11ئىت ئايلىنىپ كېلىپ يالىغاندەك ئۆز قۇسۇقىنى،

قايتار ئەخمەق ئۆز ئەخمەقلىقىنى.

12كۆردۈڭمۇ ئۆزىنى ئاقىل چاغلىغان كىشىنى؟

ئۇنىڭدىن ئۈمىد كۈتكەندىن ئەخمەقتىن ئۈمىد كۈتكەن ياخشى.

13ھۇرۇن دەركى: «شىر باردۇر كوچا ۋە مەيداندا».

14ئېچىلىپ-يېپىلار ئىشىك مۇجۇقىدا،

ئېغىناپ ياتار ھۇرۇن كارىۋىتىدا.

15ھۇرۇن سۇنار قولىنى قاچىغا،

غىزانى ئاغزىغا سېلىشقىمۇ ئېرىنەر ھەتتا.

16ھۇرۇن ئۆزىنى شۇنداق چاغلار،

ھەتتا ئاقىلانە جاۋاب بېرىدىغان يەتتە كىشىدىنمۇ ئاقىل سانار.

17ئارىلىشىش ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز جاڭجالغا،

ئوخشار ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئىتنىڭ قۇلىقىنى تارتقانغا.

1819ئۆز يېقىنىنى ئالداپ، «چاقچاق قىلىپ قويدۇم» دېگۈچى،

خۇددى ئوتلۇق، ئەجەللىك ئوقلارنى ئاتقان تەلۋە كەبى.

20ئوت ئۆچەر ئوتۇن بولمىسا،

جېدەل تۈگەر چېقىمچى بولمىسا.

21خۇددى چوغ ئۈستىگە سالغان كۆمۈر كەبى،

ئوت ئۈستىگە تاشلىغان ئوتۇن كەبى،

ئۇلغايتار جېدەلخور جېدەل-ماجىرانى.

22ئوخشار غەيۋەتچىنىڭ سۆزلىرى مەززىلىك تاماققا،

تەنگە سىڭىپ كېتەر تېزلا.

23تىلى ھەسەل، دىلى زەھەر كىشى،

كۈمۈش ھەل بېرىلگەن ساپال قاچىنىڭ ئۆزى.

24ئۆچمەنلىك قىلغۇچى چىرايلىق سۆز بىلەن نىقابلىنار،

بىراق كۆڭلىدە ھىيلە-مىكىر ساقلار.

25شۇڭا ئىشىنىپ كەتمە ئۇ مۇلايىم سۆزلىگەندە،

چۈنكى يەتتە قات ئىپلاسلىق باردۇر ئۇنىڭ قەلبىدە.

26ئۆچمەنلىكىنى ئۇ ھىيلىگەرلىك بىلەن ياپار،

لېكىن ئۇنىڭ رەزىللىكى جامائەت ئالدىدا ئاشكارا بولار.

27كىشىگە ئورا كولىغان ئۆزى چۈشەر،

ئۆزگىگە دومىلاتقان تاش ئۆزىگە قايتار.

28يالغانچى ئۆزى زىيان كەلتۈرگەنلەرنى ئۆچ كۆرەر،

خۇشامەتچى ھالاكەت ئېلىپ كېلەر. 


27

1ماختانما ئەتىكى كۈنۈڭ بىلەن،

چۈنكى ئەتىنىڭ نېمە ئېلىپ كېلىشىنى بىلمەيسەن.

2ماختانما ئۆز ئۆزۈڭدىن، سېنى باشقىلار ماختىسۇن،

ماختانما ئۆز ئاغزىڭ بىلەن، سېنى ياتلار ماختىسۇن.

3تاشمۇ ھەم قۇممۇ ئېغىر،

بىراق ئەخمەق كەلتۈرگەن ئازاب ئىككىسىدىنمۇ ئېغىر.

4غەزەپ رەھىمسىزدۇر، قەھر ئوخشار كەلكۈنگە،

بىراق تاقابىل تۇرالار كىممۇ كۈندىشىنىڭ كۈندەشلىكىگە؟

5ئاشكارا تەنبىھ يوشۇرۇن مۇھەببەتتىن ئەلادۇر.

6دوستۇڭنىڭ سالغان جاراھىتى ئۇنىڭ ۋاپادارلىقىدىندۇر،

دۈشمىنىڭنىڭ سۆيۈشلىرى بولسا ھىيلىگەرلىكىدىندۇر.

7بىزاردۇر توق كىشى ھەسەلدىنمۇ،

تاتلىقتۇر ئاچلىقتا ھەرقانداق ئاچچىق نەرسىمۇ.

8ئۆيىدىن ئايرىلغان كىشى،

ئۇۋىسىدىن ئايرىلغان قۇش كەبى.

9ئاچار خۇشبۇي ماي ۋە ئەتىر كىشىنىڭ كۆڭلىنى،

سەمىمىي مەسلىھىتىدىن بىلىنەر دوستنىڭ غەمخورلۇقى.

10ئۆز دوستۇڭ ھەم ئاتاڭنىڭ دوستىنى تاشلىما،

بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە تۇغقىنىڭنىڭ ئۆيىگە بارما.

ئەلادۇر يىراقتىكى تۇغقاندىن يېقىندىكى قوشنا.

11ئەي ئوغلۇم، دانالىق تاپ، كۆڭلۈمنى چۆمدۈر خۇشاللىققا،

شۇندا جاۋاب قايتۇرالايمەن مېنى تەنقىد قىلغانلارغا.

12زېرەك كىشى خەۋپ-خەتەرنى كۆرۈپ قاچار،

نادان قارىغۇلارچە ئالغا بېسىپ ئازاب تارتار.

13ياتقا كاپالەت بەرگۈچىدىن كېپىلگە تونىنى ئېلىۋال،

ناتونۇشقا كېپىل بولغۇچىدىن كېپىللىك ئال.

14كىمكى تاڭ سەھەردە ۋارقىراپ قوشنىسىدىن ئامانلىق سورىسا،

بۇ قارغىغاندەك ئاڭلىنار قوشنىسىغا.

15سوقۇشقاق خوتۇن ئوخشار،

يامغۇرلۇق كۈندە تورۇستىن توختىماي تامچىلىغان تامچىغا.

16ئوخشار ئۇنى توسۇشنىڭ ئۆزى بوراننى توسۇشقا،

ياكى ئوڭ قولى بىلەن ماي چاڭگاللىغانغا.

17تۆمۈر تۆمۈرنى بىلەيدۇ،

ئادەم ئادەمنى ئۆتكۈرلەشتۈرىدۇ.

18مېۋىسىنى يەر ئەنجۈر كۆچىتىنى پەرۋىش قىلغۇچى،

ئىززەتكە ئېرىشەر خوجايىنىنى ياخشى كۈتكۈچى.

19سۇ ئادەمنىڭ يۈزىنى ئەكس ئەتتۈرگەن كەبى،

ئادەمنىڭ ئۆزىنى ئەكس ئەتتۈرەر يۈرىكى.

20ھېچ تويماس گۆر ۋە ئۆلۈكلەر ماكانى،

قانائەت تاپماس ئادەمنىڭ نەپسى.

21تاۋلىنار ئالتۇن-كۈمۈش ئوتتا،

سىنىلار ئادەم ماختالغاندا.

22سوقساڭمۇ بۇغداي سوققاندەك ئەخمەقنى،

ئايرىلماس يەنىلا ئۇنىڭدىن ئەخمەقلىقى.

23پادىلىرىڭنىڭ ئەھۋالىنى ئوبدان ئىگىلە،

مال-ۋارانلىرىڭغا ياخشى قارا.

24چۈنكى بايلىق مەڭگۈلۈك بولماس،

قالماس تاجمۇ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا مىراس.

25چۆپلەر قۇرۇپ، يېڭى چۆپلەر ئۆسۈپ چىققاندا،

تاغ باغرىدىكى ئوتلار ئورۇلغاندا،

26قويلارنىڭ يۇڭلىرى ساڭا كىيىملىك بولار،

ئۆچكىلەرنى ساتقان پۇل بىر ئېتىزغا يارار.

27يېتەرلىك بولار سۈتى ئۆچكىلەرنىڭ،

ئوزۇقىغا سېنىڭ ۋە ئائىلەڭنىڭ،

تۇرمۇشىنى قامدىشىغا ھەم دېدەكلىرىڭنىڭ. 


28

1قاچار ھېچكىم قوغلىمىسىمۇ يامانلار،

شىردەك باتۇردۇر ھەققانىيلار.

2كۆپىيەر ھۆكۈمدارلار گۇناھ كۆپەيسە يۇرتتا،

مۇقىملىق داۋاملىشار دانا ۋە بىلىملىك ھۆكۈمدار بولغاندا.

3كەمبەغەل كەمبەغەلنى بوزەك قىلسا،

ئوخشار زىرائەتلەرنى نابۇت قىلىدىغان قارا يامغۇرغا.

4پەرۋەردىگارنىڭ تەلىمىدىن ۋاز كېچىش يامانلارنى ماختىغانلىقتۇر،

ئۇنىڭ تەلىمىگە ئەمەل قىلىش يامانلار بىلەن قارشىلاشقانلىقتۇر.

5چۈشەنمەس رەزىللەر ئادالەتنى،

تولۇق چۈشىنەر پەرۋەردىگارغا تەلپۈنگۈچىلەر ئۇنى.

6دىيانەت يولىدا ماڭغان كەمبەغەل كىشى،

ئەگرى يولدا يۈرگەن بايدىن ياخشى.

7ئاقىل ئوغۇلدۇر پەرۋەردىگارنىڭ تەلىمىگە ئەمەل قىلغان،

ئاتىسىنى نومۇسقا قالدۇرار نان قېپىلارغا ھەمراھ بولغان.

8جازانىخورلۇق بىلەن بايلىقىنى كۆپەيتكەن كىشىنىڭ بايلىقى،

كەمبەغەللەرگە ساخاۋەت قىلغۇچى ئۈچۈن قالار ئاخىرى.

9پەرۋەردىگارنىڭ تەلىمىگە كىمكى قۇلاق سالمىسا،

ئۇنىڭ دۇئالىرىمۇ يىرگىنچلىكتۇر ھەتتا.

10دۇرۇسلارنى يامان يولغا ئازدۇرغۇچى چۈشەر ئۆزى كولىغان ئورىغا.

پاك-دىيانەتلىك مىراسخور بولار ياخشىلىققا.

11دانادۇر باي ئۆز نەزىرىدە،

ئاياندۇر ئۇنىڭ قانداقلىقى زېرەك كەمبەغەلگە.

12جاھاننى قاپلار تەنتەنە ھەققانىيلار ھوقۇق تۇتسا،

ئادەملەر ئۆزىنى قاچۇرار يامانلار ھاكىمىيەت يۈرگۈزسە.

13روناق تاپالماس ئۆز گۇناھلىرىنى يوشۇرغان،

رەھىم-شەپقەتكە ئېرىشەر گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىپ قول ئۈزگەن.

14بەختلىكتۇر پەرۋەردىگاردىن ئەيمەنگەن ھەمىشە،

ئۇچرار بوينى قاتتىق بالايىئاپەتكە.

15يوقسۇللارنىڭ ئۈستىدىكى رەزىل ھۆكۈمدار،

ھۆركىرەپ تۇرغان شىر، ئوۋ ئىزدەپ يۈرگەن ئېيىققا ئوخشار.

16ئەقىلسىز ھۆكۈمدار قاتتىق زالىملىق سالار،

ھارام بايلىقتىن نەپرەتلەنگەننىڭ ئۆمۈرى ئۇزىرار.

17قان تۆكۈپ ۋىجدان ئازابى تارتقۇچى قېچىپ يۈرەر ئۆلگۈچە،

قىلمىسۇن ئۇنى ھېچكىم ھىمايە.

18قۇتقۇزۇلار دىيانەت يولىدا ماڭغان،

تويۇقسىز يىقىلار ئەگرى يولدا ماڭغان.

19يېرىگە ئىشلىگەننىڭ قورسىقى توق بولار.

قۇرۇق خىيال سۈرگەن تولىمۇ يوقسۇللۇققا قالار.

20ئېرىشەر مول بەرىكەتكە سادىق كىشى،

جازاسىز قالماس بايلىققا ئېرىشىشكە ئالدىرىغۇچى.

21بىرىگە يان بېسىش ياماندۇر،

بىراق ئادەم بىر بۇردا نان ئۈچۈنمۇ بۇنداق گۇناھنى ئۆتكۈزۈر.

22ئاچكۆز ئالدىرار باي بولۇشقا،

بىلمەي قالار ئۇ يوقسۇللۇق چۈشۈشىنى ئۆز بېشىغا.

23باشقىلارنىڭ خاتالىقىغا تەنبىھ بەرگۈچى خۇشامەتچىگە قارىغاندا،

كۆپ ھىممەت تاپار ئاخىرىدا.

24ئاتا-ئانىسىنى بۇلاپ، يەنە «بۇ گۇناھ ئەمەس» دېگەن،

بىر قاتاردا سانىلار جانغا زامىن بولغۇچى بىلەن.

25جېدەل-ماجىرا تېرار ئاچكۆزلۈك قىلغان،

راۋاج تاپار پەرۋەردىگارغا ئىشەنچ باغلىغان.

26ئەخمەقتۇر ئۆز ئەقلىگە ئىشەنگەن،

ئامان قالار دانالىق بىلەن ئىش تۇتقان.

27موھتاجلىقتا قالماس نامراتلارغا خەيرخاھلىق قىلغان،

نۇرغۇن لەنەتكە قالار ئۇلارنى كۆرمەسكە سالغان.

28يامانلار ھوقۇق تۇتسا، ئادەملەر ئۆزىنى قاچۇرار،

ئۇلار زاۋال تاپسا، ھەققانىيلار ھوقۇق تۇتار. 


29

1كىمكى قايتا-قايتا ئەيىبلەنگەندىمۇ بوينى قاتتىقلىق قىلسا،

تۇيۇقسىز بىتچىت بولۇپ، قالار قۇتقۇزۇلغۇسىز ھالغا.

2پۇقرا شادلىنار ھەققانىيلار ھوقۇق تۇتسا،

نالە-پەرياد كۆتۈرەر رەزىللەر ھۆكۈم سۈرسە.

3ئاتىسىنى شادلاندۇرار دانالىقنى سۆيگەن ئوغۇل،

مال-مۈلكىنى بۇزۇپ-چاچار پاھىشىلەرگە ھەمراھ بولغان ئوغۇل.

4پادىشاھ مۇستەھكەم قىلار ئادالەت بىلەن يۇرتنى،

پارىخور بولسا زاۋال تاپقۇزار ئۇنى.

5ئۆز يېقىنىغا خۇشامەت قىلغان كىشى،

گويا پۇتىغا قاپقان قۇرغان كەبى.

6ئۆزىگە تۇزاق قۇرار ياماننىڭ گۇناھى،

ناخشا ئېيتىپ شادلىنار ھەققانىي.

7ھەققانىي كۆڭۈل بۆلەر كەمبەغەللەرنىڭ ھوقۇقىغا،

رەزىللەرنىڭ كارى بولماس بۇنىڭغا.

8مازاقچىلار قۇترىتىپ قالايمىقانلاشتۇرار پۈتۈن شەھەرنى،

بىراق ئاقىللار ياندۇرار قەھر-غەزەپنى.

9ئاقىل ئەخمەق بىلەن دەۋاغا چۈشكىنىدە،

تىنچلىق بولماس، ئەخمەق ھۈرپىيىپ قىلار مەسخىرە.

10دىيانەتلىكتىن نەپرەتلىنەر قانخورلار،

ئالماقچى بولار دۇرۇسنىڭ جېنىنى ئۇلار.

11ئەخمەق بىراقلا ئاشكارىلار غەزىپىنى،

ئاقىل بېسىۋالار ئۆزىنى.

12ھۆكۈمدار يالغان سۆزلەرگە قۇلاق سالسا،

بارلىق ئەمەلدارلىرى ماڭار يامان يولغا.

13گاداي ۋە ئۇنى ئەزگۈچىنىڭ ئورتاقلىقى شۇكى،

پەرۋەردىگاردۇر ھەر ئىككىلىسىنىڭ كۆزىگە نۇر بەرگۈچى.

14پادىشاھ ئادالەت بىلەن ھۆكۈم قىلسا ئاجىزلارغا،

مەھكەم تۇرار ئۇنىڭ تەختى مەڭگۈگە.

15تاياق ۋە تەنبىھ ئەقىل تاپقۇزار بالىغا،

ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىلگەن بالا ئۇيات كەلتۈرەر ئانىسىغا.

16ناھەقلىق كۆپىيەر ھوقۇق تۇتسا يامانلار،

ئۇلارنىڭ يىقىلغىنىنى كۆرەر ھەققانىيلار.

17ئوغلۇڭنى تەربىيىلىسەڭ، ئارام تاپقۇزار ئۇ سېنى،

سۆيۈندۈرەر ھەم كۆڭلۈڭنى.

18خەلق تىزگىنسىز قالار، بولمىسا پەرۋەردىگارنىڭ ۋەھىيسى،

بەختلىك بولار ئۇنىڭ تەلىمىگە ئەمەل قىلىدىغان كىشى.

19سۆز بىلەنلا تۈزەتكىلى بولماس قۇلنىڭ خاتالىقىنى،

ئېتىبار قىلماس ئۇ چۈشەنسىمۇ سۆزۈڭنى.

20كۆرگەنمۇ ئويلىماي سۆزلەيدىغان كىشىنى؟

ئۇنىڭدىن ئۈمىد كۈتكەندىن ئەخمەقتىن ئۈمىد كۈتكەن ياخشى.

21كىمكى قۇلىنى كىچىكىدىن ئۆز مەيلىگە قويىۋەتسە،

ئاخىرى ئۇ قۇل ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كېلەر ئۆزىگە.

22تېرىككەك جېدەل-ماجىرا قوزغاپ تۇرار،

مىجەزى ئىتتىك كىشىنىڭ گۇناھلىرى كۆپ بولار.

23كىشىنى پەس قىلار مەغرۇرلۇق،

ھۆرمەتكە ئېرشتۈرەر كەمتەرلىك.

24ئۆز جېنىغا دۈشمەن بولار ئوغرى بىلەن شېرىك بولغۇچى،

سوتتا يالغان ئېيتسا، لەنەتكە قېلىشىنى ئاڭلاپ تۇرۇپمۇ ئۇ ئېيتماس راستتىنى.

25بەندىدىن قورقۇش ئۆزى ئۈچۈن تۇزاق قۇرغانلىقتۇر،

لېكىن پەرۋەردىگارغا ئىشەنگەن ئادەم ئامان قالۇر.

26ئىلتىپات ئىستەر كۆپ كىشىلەر ھۆكۈمداردىن،

ئادالەت كېلەر ئادەمگە پەرۋەردىگاردىن.

27يىرگىنەر ھەققانىيلار ناھەقچىلىق قىلغانلاردىن،

يامانلار بولسا ئادىل يولدا ماڭغانلاردىن. 


30

ئاگۇرنىڭ پەند-نەسىھەتلىرى

1ماسسالىق ياقەھنىڭ ئوغلى ئاگۇرنىڭ سۆزلىرى،

ئۇنىڭ ئىتىئېل بىلەن ئۇكالغا ئېيتقانلىرى:

2ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئەڭ نادىنى مەن ئىكەنمەن،

ئادەمدە بولۇشقا تېگىشلىك ئەقىل مەندە يوق ئىكەن،

3دانالىقنى ئۆگىنەلمىدىم،

بىردىنبىر مۇقەددەس بولغۇچى ھەققىدە يوق ئىكەن ساۋاتىم.

4كىم ئەرشكە چىققان ھەم ئەرشتىن چۈشكەن؟

كىم شامالنى قوللىرىدا تۇتقان؟

كىم سۇلارنى تونىغا يۆگىگەن؟

كىم يەر-زېمىننىڭ چېگرىسىنى بەلگىلىگەن؟

ئۇنىڭ ئىسمى نېمە؟ ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ ئىسمىچۇ؟ بىلمەمسەن؟

5خۇدانىڭ ھەربىر سۆزى ھەقىقەتتۇر،

ئۆزىنى پاناھلىغانلارغا ئۇ قالقاندۇر.

6قوشما خۇدانىڭ سۆزلىرىگە ھېچنېمىنى،

بولمىسا ئۇ ئەيىبلەر سېنى، ئاشكارىلار يالغانچىلىقىڭنى.

7ئى پەرۋەردىگار، تىلەيمەن ئىككى نەرسىنى سەندىن،

ئايىمىغايسەن مەن ئۆلگۈچە بۇلارنى مەندىن.

8مەندىن يىراق قىلغايسەن ساختىلىق ۋە يالغانچىلىقنى،

قىلمىغايسەن گاداي ياكى بايمۇ مېنى،

ئېھتىياجىمغا لايىق بەرگەيسەن رىزقىمنى.

9چۈنكى باياشاتلىق ئىچىدە سەندىن تېنىپ،

«پەرۋەردىگار كىممۇ؟» دەپ قالماي،

ياكى يوقسۇزچىلىقتا ئوغرىلىق قىلىپ،

ئى خۇدا، سېنىڭ نامىڭغا داغ كەلتۈرۈپ قويماي.

10قۇلنى يامانلىما خوجايىنىغا،

قارغىۋېتەر قۇل سېنى، ئەيىبكار بولارسەن بولمىسا.

11شۇنداقلارمۇ باركى، ئۆز ئاتىسىنى قارغايدىغان،

ئۆز ئانىسىغا بەخت تىلىمەيدىغان.

12شۇنداقلارمۇ باركى، ئۆزلىرىنى پاك چاغلايدىغان،

ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ مەينەتچىلىكى تازىلانمىغان.

13شۇنداقلارمۇ باركى، چىقىپ تۇرار تەكەببۇرلۇقى كۆزلىرىدىن،

بېشى تاقىشار ئاسمانغا ھاكاۋۇرلۇقىدىن.

14شۇنداقلارمۇ باركى،

يوقىتىش ئۈچۈن بۇ دۇنيادىن نامراتلارنى،

يالماش ئۈچۈن ئىنسانلار ئارىىسىدىكى موھتاجلارنى،

باردۇر ئۇلارنىڭ قىلىچتەك چىشلىرى، پىچاقتەك ئېزىق چىشلىرى،

15زۈلۈكنىڭ* ئىككى قىزى بار،

ئۇلار «بەرگىن، بەرگىن» دەپ توۋلىشار.

ئۈچ نەرسە باركى، ھېچ تويمايدىغان،

ياق، تۆت نەرسە بار، ئەسلا يېتەرلىك دېمەيدىغان،

ئۇلاركى:

16گۆر، تۇغماس خوتۇن، قاغجىرىغان يەر ۋە يالماۋاتقان ئوت.

17چوقۇلار جىلغىدىكى قاغىلار ياكى يەۋېتەر بۈركۈتنىڭ بالىلىرى،

ئاتىسىنى مەسخىرە قىلىپ، ئانىسىنى كەمسىتكۈچىنىڭ كۆزىنى.

18ئۈچ ئىش باركى، مەن ئۈچۈن ئىنتايىن سىرلىق بولغان،

ياق، تۆت ئىش بار، ئەقلىم يەتمەيدىغان،

ئۇلاركى:

19بۈركۈتنىڭ ئاسماندا ئۇچۇشى،

يىلاننىڭ تاشتا بېغىرلىشى،

كېمىنىڭ دېڭىزدا مېڭىشى.

يىگىتنىڭ قىزغا ئاشىق بولۇشى.

20مۇنداقكى زىناخور خوتۇننىڭ تۇتقان يولى:

ئوغرىلىقچە يەپ بولۇپ سۈرتەر ئۇ ئاغزىنى،

دەر: «قىلمىدىم مەن ھېچقانداق يامانلىقنى».

21ئۈچ ئىش باركى، يەر-زېمىننى سىلكىندۈرىدىغان،

ياق، تۆت ئىش بار يەر كۆتۈرەلمەيدىغان.

ئۇلاركى:

22قۇلنىڭ پادىشاھ بولۇشى،

ئەخمەقنىڭ راۋاج تېپىشى،

23نەپرەتكە ئۇچرىغان ئايالنىڭ ئەرگە تېگىشى،

دېدەكنىڭ ئۆز خانىمىنىڭ ئورنىنى تارتىۋېلىشى.

24دۇنيادا كىچىك تەنلىك،

تۆت خىل جانىۋار بار، بەكمۇ ئەقىللىق،

ئۇلاركى:

25چۈمۈلە؛ گەرچە ئاجىز بولسىمۇ،

بىراق يازدا ئوزۇق تەييارلىۋېلىشنى بىلەر.

26سۇغۇر؛ گەرچە كۈچسىز بولسىمۇ،

خادا تاشلارنىڭ ئارىسىغا ئۇۋا سالار.

27چېكەتكە؛ گەرچە پادىشاھى بولمىسىمۇ،

لېكىن قاتار سەپ تۈزۈپ ماڭار.

28كەسلەنچۈك؛ گەرچە ئۇنى قول بىلەن تۇتۇۋالغىلى بولسىمۇ،

لېكىن ئۇ خان ئوردىلىرىغىمۇ كىرىۋالار.

29ئۈچ ھايۋان باركى، قەدەملىرى ھەيۋەتلىك،

ياق، تۆت جانىۋار بار، مېڭىشى ھەيۋەتلىك.

ئۇلاركى:

30شىر؛ ھايۋاناتلار ئىچىدە ئەڭ كۈچلۈكى،

ھېچ نېمىدىن قورقماي ئارقىغا يانمايدىغان.

31خوراز ۋە سەركە؛ گەۋدىسىنى كۆتۈرۈپ غادىيىپ ماڭىدىغان،

پادىشاھ؛ قوشۇنىنى باشلاپ ماڭىدىغان.

32گەر ئەخمەق بولۇپ، چوڭ تۇتساڭ ئۆزۆڭنى،

يامان غەرەزدە بولغان بولساڭ ۋە ياكى،

تۇت قولۇڭ بىلەن ئاغزىڭنى!

33چىقار سېرىق ماي قايماق قوچۇلسا،

چىقار قان بىرىنىڭ بۇرنى مىجىلسا،

شۇنىڭدەك چىقار غەزەپتىن جېدەل-ماجىرا.



*15 زۈلۈك _ بوغۇم تەنلىك ھايۋان. تېنى ئۇزۇنچاق ۋە سەل ياپىلاق، ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ قېنىنى شورايدۇ.



 

31

پادىشاھنىڭ ئانىسىنىڭ نەسىھىتى

1ماسسا پادىشاھى لىمۇئېلنىڭ ئېيتقانلىرى،

ئانىسىنىڭ ئۇنىڭغا ئۆگەتكەنلىرى:

2ئەي ئوغلۇم، باغرىمنى يېرىپ چىققان ئوغلۇم،

خۇدادىن تىلەپ ئالغان ئوغلۇم،

نېمە دېسەم بولار مەن ساڭا؟

3كۈچ-قۇۋىتىڭنى سەرپ قىلما، ئۆمرۈڭنى بىكار قىلما،

پادىشاھلارنى ۋەيران قىلغۇچى خوتۇنلارغا.

4ئەي لىمۇئېل، لايىق ئەمەس شاراب پادىشاھلارغا،

ياراشماس مەيگە بېرىلىش ھۆكۈمدارغا.

5چۈنكى ئۇلار شاراب ئىچىپ، ئۇنتۇپ قالار قانۇننى،

بۇرمىلىۋېتەر ئېزىلگەنلەرنىڭ ھوقۇقىنى.

6بەرگىن شارابنى ئۆلۈم گىردابىدا تۇرغانلارغا،

بەرگىن مەينى قايغۇ-ھەسرەت چەككەنلەرگە!

7ئۇلار شاراب ئىچىپ، ئۇنتۇسۇن ئۆزلىرىنىڭ نامراتلىقىنى،

ئەسلەپ قالمىسۇن تارتقان دەردلىرىنى.

8ئۆزىنى ئاقلىيالمايدىغانلار ئۈچۈن سۆزلىگىن،

ئاجىزلارنىڭ ھوقۇق ئۈچۈن ئاغزىڭنى ئاچقىن.

9سۈكۈت قىلما، ئادىل ھۆكۈم قىلغىن،

يوقسۇل ۋە موھتاجلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىغىن.

پەزىلەتلىك ئايال

10كىم ئالالايدۇ پەزىلەتلىك ئايالنى؟

ئارتۇقتۇر گۆھەردىنمۇ ئۇنىڭ قەدىر-قىممىتى.

11بۇنداق ئايالغا دىلىدىن ئىشەنچ قىلار ئېرى،

كەم بولماس ئېرىنىڭ ھېچ نەرسىسى.

12ئېرىغا ياخشىلىق قىلار ئۇ ئۆمۈر بويى،

ئۇچراتماس زىيانغا ئۇنى.

13ئۇ تاللاپ قوي يۇڭى ۋە كەندىر رەختنى،

ئۆز قولىدا ھەۋەس بىلەن پۈتكۈزەر كىيىم-كېچەكنى.

14ئۇ سودا كېمىلىرى كەبى،

توشار يىراقتىن ئوزۇق-تۈلۈكلەرنى.

15ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇ تاڭ سۈزۈلمەستە،

يېمەكلىك تەييارلار ئائىلىسىدىكىلەرگە،

ئىش تەقسىم قىلار دېدەكلىرىگە.

16ئۇ ئېتىزنى كۆرۈپ ئويلانغاندىن كېيىن سېتىۋالار،

ئۆز ئەجرى بىلەن تاپقانلىرىغا ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلار.

17ئىشقا مەھكەم باغلاپ ئۇ بېلىنى،

كۈچلەندۈرۈپ بىلەكلىرىنى.

18كۆرەر ئىشلىگىنىنىڭ پايدىسىنى،

كېچىچە ئۆچۈرمەس چىرىغىنى.

19ئايلاندۇرار ئۇ قولى بىلەن ئۇرچۇقنى،

ئېگىرەر بارماقلىرى بىلەن يىپنى.

20ئايىماس ئۇ يوقسۇللاردىن ياردىمىنى،

ئۇزىتار ھاجەتمەنلەرگە ياردەم قولىنى.

21قار ياغسىمۇ ئائىلىسىدىكىلەر ئۈچۈن يوقتۇر ئەندىشىسى،

چۈنكى قېلىن كىيىندۈرۈلگەن ئۇلارنىڭ ھەممىسى.

22ئۆزى تىكەر ئۇ كارىۋات ياپقۇچلىرىنى،

نېپىز كەندىر، ئېسىل رەختلەردىندۇر ئۇنىڭ لىباسلىرى.

23ئېرى شەھەر دەرۋازىسى* ئالدىدا ئاقساقاللار بىلەن ئولتۇرۇر،

ئۇ يەردە ئۇنىڭ ئابرۇيى باردۇر.

24ئۇ كەندىر رەختتىن تىكىپ ساتار كىيىملەرنى،

سودىگەرلەرگە ئۆتكۈزەر بەلباغلارنى.

25كۈچ-قۇدرەت ۋە ئىززەت-ھۆرمەت ئۇنىڭ لىباسى،

خۇشاللىق بىلەن كۈتۈۋالار ئۇ كېلەچەكنى.

26ئۇ دانالىق بىلەن سۆزلەر،

مېھرىبانلارچە نەسىھەت بېرەر.

27ئۇ ئائىلىسىدىكى ئىشلارنى ياخشى باشقۇرار،

يېتىپ يېمەس بىكار.

28پەرزەنتلىرى ھۆرمەتتە ئۇنى تەرىپلەر،

ئېرىمۇ ئۇنى ماختاپ مۇنداق دەر:

29«پەزىلەتلىك ئاياللار كۆپ ئىكەن،

لېكىن ھەممىسىدىن ئارتۇق تۇرارسەن، ئېشىپ چۈشىسەن».

30ئالدامچىدۇر جەلپكارلىق، بىر كۆپۈكتۇر ھۆسن-جامال،

ماختاشقا ئېرىشەر پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىدىغان ئايال.

31ئۇنىڭ مېھنىتىنىڭ مېۋىلىرىگە لايىق تەرىپلەڭلار ئۇنى،

شەھەر دەرۋازىلىرىدا ماختاشقا ئېرىشتۈرسۇن ئۇنى ئۇنىڭ ئەجىرلىرى!



*23 شەھەر دەرۋازىسى _ شەھەرگە كىرىىش ئېغىزى بولۇپ، بۇ يەردە يۇرت ئاقساقاللىرى دەۋالارنى بىر تەرەپ قىلىدۇ ھەم سودا-سېتىق، جامائەت يىغىلىشى، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش قاتارلىقلار ئېلىپ بېرىلىدۇ.