«پەند–نەسىھەتلەر»

كىرىش سۆز

«مۇقەددەس كىتاب»نىڭ «پەند-نەسىھەتلەر» قىسمى ھېكمەتلىك سۆزلەر توپلىمى بولۇپ، ئاساسەن ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى سۇلايمان تەرىپىدىن ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلگەن. خۇدا ئۇنىڭغا ئەقىل-پاراسەتنى ئالاھىدە سوۋغات سۈپىتىدە ئىنئام قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ دانالىقى بىلەن نام چىقارغان. سۇلايمان پادىشاھ ھاياتىدا ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق ھېكمەتلىك سۆز ۋە مىڭدىن ئارتۇق ناخشا يېزىپ قالدۇرغان. ئەمما «پەند-نەسىھەتلەر»گە كىرگۈزۈلگەن ھېكمەتلىك سۆزلەرنىڭ ھەممىسىلا سۇلايمان تەرىپىدىن يېزىلغان ئەمەس، ئۇنىڭ بەزىلىرى ئاگۇرنىڭ سۆزلىرى، بەزىلىرى لىمۇئېلنىڭ ئانىسىنىڭ نەسىھەتلىرى، يەنە بەزىلىرى بولسا باشقا دانالارنىڭ سۆزلىرىدۇر. كىتابتىكى سۇلايمان پادىساھنىڭ ھېكمەتلىرىنىڭ بىر قىسمىنى يەھۇدىيە پادىشاھى خىزكىيانىڭ ئوردىسىدىكىلەر توپلىغان.

كىتابتا پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىشنىڭ ئەقىل-ئىدراكنىڭ باشلىنىشى ئىكەنلىكى تەكىتلىنىدۇ. دانالىق بىلەن نادانلىق سېلىشتۇرۇلۇپ، بۇ ئىككى يولنىڭ بېرىدىغان ئوخشىمىغان نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئادەملەرنى ھەق ۋە ناھەقنى توغرا ئايرىشقا يېتەكلەيدۇ.

ھەقىقىي دانالىق خۇدادىن كېلىدۇ. كىتابتا تىلغا ئېلىنغان «دانا»، «ئەقىللىق» ۋە «ئاقىل» دېگەن سۆزلەر ئەقلىي كۈچى ئىنتايىن يۇقىرى ئادەملەرنى كۆرسەتمەستىن، بەلكى خۇدادىن ئەيمىنىدىغان، ئۇنىڭ يولىدا ماڭىدىغان، ئەخلاقلىق كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. كىتابتىكى «نادان»، «ئەخمەق» ۋە «ھاماقەت» دېگەن سۆزلەر بولسا، بىلىمسىز ياكى كەم ئەقىل ئادەملەرنى كۆرسەتمەستىن، بەلكى خۇدانى رەت قىلىپ، ئەخلاقسىزلىقنى ياكى يامان ئىشلارنى تاللىغان ئادەملەرنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ كىتابنىڭ مەزمۇن دائىرىسى بىر قەدەر كەڭ بولۇپ، خۇداغا ئىشىنىش، خۇدادىن ئەيمىنىش، دانالىق، ھەققانىيلىق، بىلىم، ئەخلاق، دىيانەت، تىرىشچانلىق، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، ئىسراپخورلۇق قىلماسلىق، نامراتلارغا يار-يۆلەك بولۇش، گەپ-سۆزگە دىققەت قىلىش، كىشىلىك مۇناسىۋەت، دۈشمەنگە رەھىمدىل بولۇش، سودا-سېتىق ئىشلىرى ۋە بالا تەربىيىلەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

«پەند-نەسىھەتلەر» ئىبرانىي تىلىدا شېئىرىي شەكىلدە يېزىلغان بولۇپ، قوللىنىلغان بەزى ئوخشىتىش، سىمۋول ۋە ماقال-تەمسىللەر ئوقۇرمەنلەرگە چۈشىنىكسىز بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن سۆز مەنىسىنى ئۇيغۇر تىلىدىكى مۇۋاپىق ئىبارىلەر بىلەن ئىپادىلىدۇق.

بىز بۇ كىتابنىڭ ھاياتىڭىزغا يورۇقلۇق بېرىشىنى ئۈمىد قىلىش بىلەن بىرگە سىزنىڭ خۇدادىن ئەيمىنىپ، ئۇنىڭ كۆرسەتكەن دانالىق يولى بىلەن بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىڭىزگە تىلەكداشمىز.

ئۇيغۇرچە «مۇقەددەس كىتاب» جەمئىيىتى

تېزىس:

1. دانالىق ۋە نەسىھەتلەر (1-بابتىن 9-بابقىچە)

2. پادىشاھ سۇلايماننىڭ ھېكمەتلىرى (10-بابتىن 22-باب 16-ئايەتكىچە)

3. دانالارنىڭ ھېكمەتلىرى (22-باب 17-ئايەتتىن 24-بابنىڭ ئاخىرىغىچە)

4. پادىشاھ خىزكىيا توپلىغان سۇلايماننىڭ ھېكمەتلىرى (25-بابتىن 29-بابقىچە)

5. ئاگۇر ۋە پادىشاھ لىمۇئېلنىڭ ئانىسىنىڭ ھېكمەتلىرى (30-، 31-بابلار)