مىكاھ

 

1

سامارىيە بىلەن يېرۇسالېمغا مەرسىيە

1يەھۇدىيە پادىشاھلىرىدىن يوتەم، ئاخاز ۋە خىزكىيا ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرلەردە پەرۋەردىگاردىن موراشىت يېزىسىدىكى مىكاھقا ۋەھىيلەر كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا كەلگەن بۇ ۋەھىيلەر سامارىيە ۋە يېرۇسالېم ھەققىدە ئىدى.
2ئەي بارلىق خەلقلەر، قۇلاق سېلىڭلار!

ئەي زېمىن ۋە زېمىندىكى مەۋجۇداتلار سۆزۈمنى ئاڭلاڭلار!

ئىگىمىز پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدا تۇرىدۇ.

ئۇ يەردە ئۇ سىلەرگە قارشى گۇۋاھلىق بېرىدۇ.

3قاراڭلار، پەرۋەردىگار ماكانىدىن ئايرىلىپ،

تاغ چوققىلىرىنى دەسسەپ كېلىۋاتىدۇ.

4ئۇنىڭ ئايىغى ئاستىدىكى تاغلار خۇددى مومدەك ئېرىمەكتە.

جىلغىلار يېرىلىپ، قىيا تاشلار خۇددى سۇدەك تاغ باغرىدىن ئاقماقتا.

5ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ ئىتائەتسىزلىكى ۋە

ئىسرائىل خەلقىنىڭ گۇناھلىرى سەۋەبىدىن بۇ ئىشلار يۈز بېرىدۇ.

ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ نەدە ئىتائەتسىزلىك قىلغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟

سامارىيەدە ئەمەسمۇ؟!

يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ نەدە بۇتپەرەسلىك قىلغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟

يېرۇسالېمدا ئەمەسمۇ؟!

6شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«مەن پەرۋەردىگار سامارىيە شەھىرىنى ۋەيران قىلىمەن،

شەھەر ئورنىغا ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلىنىدۇ.

بۇ شەھەرنىڭ تاشلىرىنى جىلغىغا غۇلىتىمەن،

شەھەردىكى ئۆيلەرنىڭ ئۇللىرى ئېچىلىپ قالىدۇ.

7سامارىيەنىڭ بارلىق بۇتلىرىنى كۇكۇم-تالقان قىلىمەن.

ئۇنىڭ بۇتلارغا سۇنغان پۈتكۈل ھەدىيەلىرى كۆيدۈرۈلىدۇ.

مەن ئۇنىڭ بارلىق بۇتلىرىنى ۋەيران قىلىمەن.

ئۇنىڭ بۇتخانىدا پاھىشىلىك قىلىپ توپلىغان ھارام بايلىقلىرى

باشقا ئەلدىكى بۇتپەرەسلەرنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ.»

8شۇڭا مەن مىكاھ سامارىيە ئۈچۈن ھازا تۇتۇپ، پەرياد قىلىمەن.

يالاڭ ئاياغ، يالىڭاچ كېزىپ يۈرىمەن.

چىلبۆرىدەك، ھۇۋقۇشتەك ھۇۋلاپ، پەرياد قىلىمەن.

9سامارىيەنىڭ يارىسىنى ساقايتقىلى بولمايدۇ،

بۇ بالا-قازا يەھۇدىيەگىمۇ يېتىپ بارىدۇ.

بالا-قازا خەلقىم ياشايدىغان شەھەرنىڭ دەرۋازىسىغا،

يەنى يېرۇسالېمغا قىستاپ كەلمەكتە.

10بۇنى گات شەھىرىگە بىلدۈرمەڭلار.

پەقەت يىغلىماڭلار،

بەيت-لىئافرادا قايغۇدىن توپىدا ئېغىناڭلار.

11ئەي شافىر ئاھالىسى،

يالىڭاچ ۋە خورلۇق ئىچىدە سۈرگۈن بولىسىلەر.

زائانان ئاھالىسى شەھەردىن چىقىشقا پېتىنالمايدۇ.

بەيت-ئېزەل ئاھالىسى ئېچىنىپ يىغلايدۇ،

ئۇلار ئەمدى سىلەرگە پاناھ بولالمايدۇ.

12ماروت ئاھالىسى ئەنسىرەپ، مەدەت كۈتىدۇ.

چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئاپىتى

يېرۇسالېمنىڭ دەرۋازىسىغا كېلىپ قالدى.

13ئەي لاكىش ئاھالىسى،

ھارۋىلارغا يۈگۈرۈك ئاتلارنى قېتىپ، قېچىڭلار!

چۈنكى سىلەر ئىسرائىلىيەنىڭ گۇناھلىرىغا ئەڭ ئاۋۋال ئەگىشىپ،

سىئون خەلقىنىڭ گۇناھ قىلىشىغا سەۋەبچى بولدۇڭلار.

14شۇڭا سىلەر موراشىتگات ئاھالىلىرىگە خوشلىشىش سوۋغاڭلارنى بېرىڭلار.

ئاكزىب شەھىرىنىڭ ئاھالىسى ئىسرائىل پادىشاھلىرىنى ئالدايدۇ.

15ئەي مارېشا خەلقى، پەرۋەردىگار ئۈستۈڭلارغا بىر ئىشغالىيەتچى ئەۋەتىدۇ.

ئىسرائىل خەلقىنىڭ يېتەكچىلىرى ئادۇللام غارىغا قېچىپ بارىدۇ.

16ئەي يەھۇدىيەلىكلەر، چېچىڭلارنى چۈشۈرۈۋېتىڭلار.

جانجىگەر ئوغۇل-قىزلىرىڭلار ئۈچۈن نالە قىلىڭلار.

بېشىڭلار تازقارىنىڭ بېشىدەك تاقىر بولسۇن.

چۈنكى ئوغۇل-قىزلىرىڭلار سۈرگۈن قىلىنىدۇ.

 

2

زالىملارنىڭ قىسمىتى

1تۆشىكىدە يېتىۋېلىپ، باشقىلارغا يامانلىق ۋە

رەزىللىك قىلىشنى ئويلىغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي!

ئۇلار ئويلىغان رەزىل ئىشلىرىنى قىلىدۇ،

چۈنكى بۇنداق قىلىش ئۇلارنىڭ قولىدىن كېلىدۇ.

2ئۇلار باشقىلارنىڭ يېرىنىڭ كويىدا بولسا يېرىنى،

باشقىلارنىڭ ئۆيىنىڭ كويىدا بولسا، ئۆيىنى تارتىۋالىدۇ.

بىرسىنى ئۆيىدىن،

يەنە بىرسىنى مىراسىدىن ئايرىيدۇ.

3شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«مەن سىلەرگە شۇنداق بىر بالا ھازىرلاۋاتىمەنكى،

سىلەر بۇ بالادىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر.

بېشىڭلارغا شۇنداق ئېغىر بىر كۈن كېلىدۇكى،

ئۇ كۈن كەلگەندە، بېشىڭلارنى كۆتۈرۈپ يۈرەلمەيسىلەر.

4ئۇ كۈن كەلگەندە، يات خەلقلەر سىلەرنى زاڭلىق قىلىپ:

‹بىز تۈگەشتۇق، پەرۋەردىگار زېمىنىمىزنى باشقىلارغا بېرىۋەتتى.

مۈلكىمىزنى ئېلىپ كەتتى،

بىزگە خائىنلىق قىلغانلارغا يەرلىرىمىزنى ئېلىپ بەردى.›

دەپ مەسخىرە ناخشىسى ئوقۇشىدۇ.»

5پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتى ئىچىدە قايتىدىن يەر تەقسىم قىلىش ئۈچۈن چەك تاشلانغاندا، سىلەر ئۈچۈن چەك ئالىدىغانلار بولمايدۇ.
6خەلق ماڭا مۇنداق دېدى:

«بىزگە بۇنداق گەپلەرنى قىلما،

بۇنداق بالا-قازالار ھەققىدە بېشارەت بەرمە.

بىز ھەرگىز شەرمەندە بولمايمىز!»

7ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى، بۇنداق دېسەڭلار بولامدۇ؟

پەرۋەردىگارنىڭ سەۋر-تاقىتىنىڭ چېكى يوقمۇ؟

ئۇ مۇشۇنداق بالا-قازالارنى كەلتۈرمەسمۇ؟

مېنىڭ سۆزلىرىم دۇرۇس ئادەملەرگە پايدىلىق ئەمەسمۇ؟

8يېقىندىن بۇيان سىلەر خەلقىمگە قارشى دۈشمەنگە ئايلىنىپ قالدىڭلار.

سىلەر ئۇرۇشتىن قايتىپ يولدىن خاتىرجەم ئۆتۈۋاتقانلارنىڭ چاپانلىرىنى سالدۇرۇۋالدىڭلار.

9خەلقىمنىڭ قىز-ئاياللىرىنى بەختلىك ئائىلىلىرىدىن قوغلىدىڭلار.

ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىدىن مېنىڭ ئۇلارغا ئاتا قىلغان بەختىمنى مەڭگۈلۈك تارتىپ ئالدىڭلار.

10ئورنۇڭلاردىن قوپۇڭلار! بۇ يەردىن كېتىڭلار.

بۇ زېمىن ئەمدى سىلەرگە خاتىرجەم ماكان بولالمايدۇ!

بۇ زېمىننى سىلەر گۇناھىڭلار بىلەن بۇلغىدىڭلار،

ئۇنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلدىڭلار.

11ئەگەر بىر يالغانچى ۋە ئالدامچى سىلەرگە:

«سىلەردە مەي، شاراب مول بولىدۇ» دېسە،

ئۇ سىلەرنىڭ ياخشى پەيغەمبىرىڭلارغا ئايلىنىدۇ.

خەلقنىڭ قۇتقۇزۇلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى بېشارەت

12پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئەي ياقۇپ ئەۋلادلىرى، ھەممىڭلارنى يىغىمەن،

ھايات قالغان ئىسرائىل خەلقىنى يىغىمەن.

سىلەرنى قوي پادىلىرىنى قوتانغا يىغقاندەك يىغىمەن.

سىلەر خۇددى يايلاقتىكى قوي پادىسىدەك توپلىشىسىلەر.

زېمىنلىرىڭلار يەنە ئادەملەر بىلەن ئاۋاتلىشىدۇ.

13مەن پەرۋەردىگار يول ئېچىپ، ئالدىڭلاردا ماڭىمەن.

سىلەر شەھەر دەرۋازىسىدىن بۆسۈپ چىقىپ،

يېڭىباشتىن ھۆرلۈككە ئېرىشىسىلەر.

سىلەرنىڭ پادىشاھىڭلار بولغان مەن پەرۋەردىگار

سىلەرگە يول باشلايمەن، ئالدىڭلاردا ماڭىمەن.»

 

3

يېتەكچى ۋە ساختا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەيىبلىنىشى

1مەن مىكاھ مۇنداق دەيمەنكى،

ئەي ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ يېتەكچىلىرى،

ئىسرائىل خەلقىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى،

سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار!

ئەجەبا، سىلەر ئادالەتنى بىلمەمسىلەر؟

2سىلەر ياخشىلىقتىن نەپرەتلىنىسىلەر،

رەزىللىكنى ياخشى كۆرىسىلەر.

خەلقىمنىڭ تېرىسىنى تەتۈر سويىسىلەر،

گۆشىنى شىلىسىلەر.

3خەلقىمنىڭ گۆشىنى يەيسىلەر،

تېرىسىنى تەتۈر سويىسىلەر.

قازانغا سېلىنىدىغان گۆشتەك،

سۆڭەكلىرىنى چېقىپ، گۆشلىرىنى پارچىلايسىلەر.

4لېكىن بىر ۋاقىت كېلىدۇكى،

سىلەر پەرۋەردىگاردىن ئۆتۈنىسىلەر.

ئەمما پەرۋەردىگار جاۋاب بەرمەيدۇ.

سىلەرنىڭ رەزىللىكىڭلار سەۋەبىدىن

پەرۋەردىگار سىلەردىن دىدارىنى يوشۇرىدۇ.

5پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئەي خەلقىمنى ئازدۇرغان ساختا پەيغەمبەرلەر،

سىلەر پەقەت قارنىڭلارنى تويدۇرغانلار ئۈچۈن ئامانلىق تىلەيسىلەر،

قارنىڭلارنى تويدۇرمىغانلارغا ھۇجۇم قىلىسىلەر.

6قاراڭغۇلۇق سىلەرنى قاپساپ كەلمەكتە،

ئەمدى ساختا غايىبانە ئالامەتلەرنى توقۇيالمايسىلەر.

سىلەرنى زۇلمەت قاپلايدۇ، پال ئاچالمايسىلەر.

سىلەر ئۈچۈن قۇياش پاتىدۇ،

كۈندۈز قاراڭغۇلۇققا ئايلىنىدۇ.

7رەمچىلەر خىجىللىقتا،

پالچىلار نومۇستا قالىدۇ.

شۇنداق، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يۈزى تۆكۈلىدۇ.

چۈنكى ئۇلارغا مەن خۇدادىن جاۋاب كەلمەيدۇ.»

8لېكىن مەن پەرۋەردىگارنىڭ روھىغا چۆمدۈم،

قۇدرەت، ئادالەت ۋە كۈچكە تولدۇم.

مەن ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ قىلمىشلىرىنى،

ئىسرائىللارنىڭ گۇناھلىرىنى ئۇلارنىڭ يۈزىگە سالىمەن.

9ئەي ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ يېتەكچىلىرى،

ئىسرائىل خەلقىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى،

سۆزۈمنى ئاڭلاڭلار!

سىلەر ئادالەتنى ئۆچ كۆرىسىلەر، ھەقىقەتنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىسىلەر.

10سىلەر سىئوننى قاننىڭ،

يېرۇسالېمنى يامانلىقنىڭ ئۈستىگە بەرپا قىلدىڭلار.

11شەھەردىكى يېتەكچىلەر پارا ئېلىپ، ھۆكۈم چىقىرىدۇ.

روھانىيلار بەرگەن تەلىمى ئۈچۈن ھەق ئالىدۇ.

ساختا پەيغەمبەرلەر پۇل ئۈچۈن پال ئاچىدۇ.

شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ياردىمىنى كۈتۈپ:

«پەرۋەردىگار ئارىمىزدا،

بېشىمىزغا ئاپەت كەلمەيدۇ» دەيدۇ.

12شۇڭا سىلەرنىڭ سەۋەبىڭلاردىن

سىئون خۇددى ئېتىزلاردەك ئاغدۇرۇلىدۇ،

يېرۇسالېم خارابىلىككە ئايلىنىدۇ،

ئىبادەتخانا جايلاشقان تاغنى چاتقاللار قاپلايدۇ.

 

4

پەرۋەردىگارنىڭ تېغى

1شۇنداق بىر ۋاقىت كېلىدۇكى،

پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى جايلاشقان تاغ

تاغلارنىڭ ئەڭ ئۇلۇغى سۈپىتىدە قەد كۆتۈرىدۇ.

ئۇ ھەممە تاغلاردىن بۈيۈك تۇرىدۇ،

خەلقلەر ئۇ يەرگە سەلدەك ئېقىپ كېلىدۇ.

2نۇرغۇن ئەللەر كېلىپ مۇنداق دېيىشىدۇ:

«كېلىڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ تېغىغا چىقايلى.

ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا بارايلى.

ئۇ يەردە پەرۋەردىگار بىزگە ئۆز يولى توغرۇلۇق تەلىم بېرىدۇ،

بىز ئۇنىڭ يولىدا ماڭىمىز.»

پەرۋەردىگارنىڭ تەلىمى سىئوندىن،

سۆزى يېرۇسالېمدىن تارقىلىدۇ.

3ئۇ خەلقلەر ئارىسىدىكى مەسىلىلەرگە ھۆكۈم چىقىرىدۇ.

يېقىن-يىراقتىكى كۈچلۈك ئەللەر ئارىسىدىكى دەتالاشلارنى ھەل قىلىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن خەلقلەر قىلىچلىرىنى ساپانغا،

نەيزىلىرىنى شاخ پۇتايدىغان پىچاققا ئايلاندۇرۇشىدۇ.

ئەللەر بىر-بىرىگە قىلىچ كۆتۈرمەيدۇ،

ئۇرۇش مەشقى ئېلىپ بارمايدۇ.

4ھەركىم ئۆزىنىڭ ئۈزۈم بارىڭى ۋە ئەنجۈر دەرەخلىرى ئاستىدا خاتىرجەم ئولتۇرىدۇ،

ھېچكىم ئۇلارنى قورقۇتمايدۇ.

چۈنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۆزى شۇنداق دەپ ئېيتتى.

5باشقا ئەللەر ئۆز ئىلاھلىرىنىڭ يولىدا ماڭىدۇ،

لېكىن بىز مەڭگۈ پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ يولىدا ماڭىمىز.

ئىسرائىل خەلقىنىڭ سۈرگۈندىن قايتىشى

6پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ۋاقتى كەلگەندە، توكۇر بولۇپ قالغان خەلقىمنى يىغىمەن.

سۈرگۈن قىلىنغان، ئۆزۈم ئازاب سالغانلارنى قايتۇرۇپ كېلىمەن.

7مەن ئۇ توكۇرلارنى ئاساسلىق خەلقىم قىلىمەن.

مەن سۈرگۈن قىلغانلارنى كۈچلۈك بىر ئەل قىلىمەن.

ئاشۇ كۈندىن باشلاپ، مەن پەرۋەردىگار سىئون تېغىدا تۇرۇپ، ئۇلارغا مەڭگۈ ھۆكۈمرانلىق قىلىمەن.

8ئەي يېرۇسالېم، سەن خەلقنىڭ كۆزىتىش مۇنارى ۋە قەلئەسىسەن.

سېنىڭ سەلتەنىتىڭ ئەسلىگە كېلىپ، يەنە بىر قېتىم پادىشاھلىقنىڭ پايتەختى بولىسەن.»

9ھازىر نېمىشقا ھۆڭرەپ يىغلايسىلەر؟

نېمىشقا تولغىقى تۇتقان ئايالدەك يىغلايسىلەر؟

سىلەرنىڭ پادىشاھىڭلار يوقمۇ؟

دانىشمەنلىرىڭلارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ كەتتىمۇ؟

10ئەي سىئون خەلقى،

سىلەر تولغىقى تۇتقان ئايالدەك قاتتىق ئىڭراڭلار،

چۈنكى سىلەر ئەمدى بۇ شەھەردىن ئايرىلىسىلەر.

دالادا ياشايسىلەر، ئەسىرگە ئېلىنىپ بابىلغا ئەكېتىلىسىلەر.

كېيىن پەرۋەردىگار سىلەرنى ئۇ يەردە قۇتقۇزىدۇ،

دۈشمىنىڭلارنىڭ قولىدىن ئازاد قىلىدۇ.

11ھازىر نۇرغۇن ئەللەر سىلەرگە قارشى يىغىلدى.

ئۇلار: «بىز سىئوننى بۇلغايلى،

ئۇنىڭ بۇلغانغانلىقىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرەيلى» دېيىشىدۇ.

12لېكىن ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلمەيدۇ،

مەقسەتلىرىنى چۈشەنمەيدۇ.

خۇددى بۇغداي باغلىرىنى خامانغا يىغقانغا ئوخشاش،

پەرۋەردىگار ئۇلارنى يىغدى، ئەمدى جازالايدۇ.

13پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئەي سىئون خەلقى، ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار، دۈشمىنىڭلارنى يانجىڭلار!

سىلەرگە تۆمۈر مۈڭگۈز، تۇچ تۇياق ئاتا قىلىمەن،

سىلەر نۇرغۇن ئەللەرنى يانجىپ، ۋەيران قىلىسىلەر.

ئۇلارنىڭ بايلىقىنى، يەنى ناتوغرا يول بىلەن توپلىغان بايلىقىنى

مەن پەرۋەردىگارغا، يەنى پۈتۈن ئالەمنىڭ ئىگىسىگە ھەدىيە قىلىسىلەر.»

 

5

1ئەي يېرۇسالېم، ھازىرلا قوشۇنۇڭنى،

دۈشمەن ھۇجۇم قىلىپ، سېنى قورشىۋالدى.

ئۇلار تاياق بىلەن ئىسرائىل خەلقىنىڭ يېتەكچىسىنىڭ يۈزىگە ئۇرىدۇ.

بەيتلەھەمدىن چىقىدىغان ھۆكۈمران

2پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئەي ئەفراتادىكى بەيتلەھەم،

سەن يەھۇدا قەبىلىسىگە قاراشلىق كىچىك بىر يېزىسەن.

لېكىن سەندىن بىرسى مەن ئۈچۈن چىقىدۇ،

ئۇ ئىسرائىلىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.

ئۇنىڭ نەسەبى ئەلمىساققا تۇتۇشىدۇ.»

3پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنى دۈشمىنىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ.

پەقەت ھامىلىدار ئايال بالىسىنى تۇغقاندا،

ئاندىن ئۇ بالىنىڭ ئامان قالغان ئىسرائىل قېرىنداشلىرى ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىغا قايتىپ كېلىدۇ.

4ئۇ قەددىنى رۇسلاپ،

پەرۋەردىگارى خۇدانىڭ كۈچى ۋە بۈيۈك نامى بىلەن

خەلقىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ،

خەلق خاتىرجەم ياشايدۇ.

ئۇ چاغدا ئۇنىڭ داڭقى ئالەمنىڭ چېتىگىچە يېتىپ بارىدۇ.

5ئۇ بىزگە ئامانلىق ئېلىپ كېلىدۇ.

ئاسسۇرلار زېمىنىمىزغا ھۇجۇم قىلىپ، قورغانلىرىمىزغا بۆسۈپ كىرگەندە،

بىز ئۇلارغا قارشى يەتتە نەپەر يېتەكچى ۋە سەككىز نەپەر سەركەردە تەيىنلەپ، ئۇلارغا زەربە بېرىمىز.

6ئۇلار قىلىچلىرى بىلەن ئاسسۇرلارغا ۋە نىمرودنىڭ زېمىنىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.

ئاسسۇرلار بىزگە ھۇجۇم قىلىپ، چېگرايىمىزغا ئاياغ باسقاندا،

ئۇ بىزنى ئۇلارنىڭ قوللىرىدىن قۇتقۇزىدۇ.

7ياقۇپنىڭ ھايات قالغان ئەۋلادلىرى نۇرغۇن ئەللەر ئارىسىدا

خۇددى پەرۋەردىگار چۈشۈرگەن شەبنەمگە،

ئوت-چۆپلەرگە ياغقان يامغۇرغا ئوخشايدۇ.

ئۇلار ھېچكىمگە تايانمايدۇ،

ھېچكىمنى كۈتمەيدۇ.

8ياقۇپنىڭ ئامان قالغان ئەۋلادلىرى ئەللەر ئارىسىغا، يەنى نۇرغۇن ئەللەر ئارىسىغا،

خۇددى ئورماندا ياشايدىغان ھايۋانلارنىڭ ئارىسىدىكى شىردەك،

قويلار ئارىسىغا ئېتىلىپ كىرگەن ياش شىردەك بۆسۈپ كىرىپ،

ئولجىلىرىنى پارە-پارە قىلىپ تاشلايدۇ.

ھېچكىم ئولجىلارنى قۇتقۇزالمايدۇ.

9ئەي ئىسرائىل خەلقى، دۈشمىنىڭلارنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىسىلەر،

بارلىق دۈشمىنىڭلار ۋەيران بولىدۇ!

10پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئۇ كۈن كەلگەندە،

جەڭ ئاتلىرىڭلارنى يوقىتىمەن.

جەڭ ھارۋىلىرىڭلارنى پاچاقلاپ تاشلايمەن.

11زېمىنىڭلاردىكى شەھىرىڭلارنى ۋەيران قىلىمەن،

قورغانلىرىڭلارنى چېقىپ تاشلايمەن.

12سىلەردىكى سېھىرگەرلىكنى يوقىتىمەن.

سىلەردە پالچىلار قالمايدۇ.

13بۇتلىرىڭلارنى ۋە بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلىرىڭلارنى يوقىتىمەن.

سىلەر ئەمدى ئۆز قولۇڭلار بىلەن ياسىغان نەرسىلەرگە چوقۇنمايسىلەر.

14سىلەردىكى ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى يوقىتىمەن،

شەھەرلىرىڭلارنى ۋەيران قىلىمەن.

15ماڭا بويسۇنمىغان خەلقلەرگە قەھر-غەزىپىمنى ياغدۇرۇپ، ئىنتىقام ئالىمەن.»

 

6

پەرۋەردىگارنىڭ ئەيىبلىشى

1ئەي ئىسرائىللار، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار.

ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار، تاغلارغا بېرىپ، ئۆزۈڭلارنى ئاقلاڭلار.

ئەرزىڭلارنى ئېدىرلار ئاڭلىسۇن.

2ئەي تاغلار، پەرۋەردىگارنىڭ ئەيىبلىشىنى ئاڭلاڭلار!

ئەي زېمىننىڭ مەڭگۈلۈك ئۇللىرى، قۇلاق سېلىڭلار.

چۈنكى، پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنىڭ ئۈستىدىن دەۋا ئېچىۋاتىدۇ،

ئىسرائىللارنى ئەيىبلەۋاتىدۇ.

3پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئەي خەلقىم، مەن سىلەرگە نېمە قىلدىم؟

سىلەرگە بىرەر ئېغىرلىقىم چۈشتىمۇ؟ جاۋاب بېرىڭلار!

4مەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇردۇم.

مۇسا، ھارۇن ۋە مەريەملەرنى سىلەرنىڭ ئالدىڭلارغا يېتەكچى قىلىپ ئەۋەتتىم.

5ئەي خەلقىم، سىلەر موئاب پادىشاھى بالاقنىڭ سۇيىقەستىنى،

بىئورنىڭ ئوغلى بىلئامنىڭ جاۋابلىرىنى ئەسلەپ بېقىڭلار.

شىتتىمدىن گىلگالغا قىلغان سەپىرىڭلار جەريانىدا يولۇققانلىرىڭلارنى ئەسلەپ بېقىڭلار.

شۇندىلا سىلەر مېنىڭ قىلغان ئىشلىرىمنىڭ ھەققانىي ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر.»

ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ رازىلىقىنى ئىزدىشى

6ئەرشتىكى خۇداغا سەجدە قىلغىنىمدا،

نېمە ئېلىپ باراي پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا؟

ئۇنىڭغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلايمۇ؟

بىر ياشلىق تورپاقنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلايمۇ-يە؟

7پەرۋەردىگارغا ئاتاپ مىڭلىغان قوچقار قۇربانلىق قىلسام،

تۈمەنلىگەن دەريالاردا زەيتۇن يېغىنى ئاققۇزسام،

ئۇ مەندىن رازى بولارمۇ؟

قىلمىشلىرىم ئۈچۈن تۇنجى ئوغلۇمنى قۇربانلىق قىلايمۇ؟

گۇناھلىرىم ئۈچۈن ئۆزۈمنىڭ پۇشتىدىن جۇدا بولايمۇ؟

8ياق! ئەي ئىنسان،

نېمىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى پەرۋەردىگار ساڭا بىلدۈردى.

پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ سەندىن كۈتىدىغىنى نېمە؟

ئۇ سېنىڭ ئادىل، رەھىمدىل بولۇشۇڭنى ۋە ئۆزىنىڭ يولىدا كەمتەرلىك بىلەن مېڭىشىڭنى كۈتىدۇ.

رەزىللەرنىڭ ۋەيران بولۇشى

9پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش دانالىقتۇر.

پەرۋەردىگار يېرۇسالېمدا خىتاب قىلماقتا، ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

«تاياق ۋە ئۇنى ئەۋەتكۈچى مەندىن قورقۇڭلار!

10مەن رەزىللەرنىڭ ئۆيىدىكى ھارام بايلىقلارغا يەنە كۆز يۇمارمەنمۇ؟

ئۇلارنىڭ ساختا گىر تاشلىرى لەنەتلەنگەندۇر.

11ناتوغرا تارازا ۋە ساختا تارازا تاشلىرىنى قوللانغان كىشىلەرنى بوش قويۇۋېتەرمەنمۇ؟12شەھەردىكى بايلار زوراۋانلىق،

ئاھالىلەر يالغانچىلىق قىلماقتا،

ئۇلارنىڭ تىلى ھىيلىگە تولغاندۇر.

13شۇڭا مەن سىلەرگە ئېغىر زەربە بېرىشكە باشلىدىم،

گۇناھلىرىڭلار سەۋەبىدىن سىلەرنى يوقىتىمەن.

14يېسەڭلارمۇ قورسىقىڭلار تويمايدۇ، يەنىلا ئاچ يۈرىسىلەر.

بايلىق يىغىسىلەر، لېكىن يىغقان بايلىقىڭلارنى ساقلىيالمايسىلەر.

يىغقىنىڭلارنى ئۇرۇشتا ۋەيران قىلىمەن.

15تېرىغىنىڭلاردىن ھوسۇل ئالالمايسىلەر.

زەيتۇنلۇقۇڭلاردىن بەدىنىڭلارنى مايلىغۇدەك ماي،

ئۈزۈمۈڭلاردىن گېلىڭلارنى نەملىگۈدەك شاراب چىقمايدۇ.

16چۈنكى سىلەر پادىشاھ ئومرىنىڭ ناچار ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلىپ،

ئوغلى ئاخابنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ رەزىل قىلمىشلىرىغا شېرىك بولدۇڭلار.

ئۇلارنىڭ يولىدا ماڭدىڭلار.

شۇڭا مەن سىلەرنى ۋەيران قىلىمەن.

ئاھالىلەرنى مەسخىرىگە قويىمەن،

سىلەر باشقا ئەللەرنىڭ خورلۇقىغا ئۇچرايسىلەر.»

 

7

پەرۋەردىگارنىڭ قۇتقۇزۇشىنى كۈتۈش

1ھالىمغا ۋاي!

يازنىڭ مېۋىلىرى يىغىلىپ بولغان، ئۈزۈملەر ئۈزۈلۈپ تۈگىگەن،

يېگىلى ھېچقانداق ئۈزۈم تاپالمىغان،

كۆڭلىدە ئارزۇ قىلغان تۇنجى پىشقان ئەنجۈرمۇ قالمىغان ئادەمگە ئوخشاپ قالدىم.

2سەمىمىي ئادەملەر ئۆلۈپ تۈگىدى.

زېمىندا دۇرۇس ئادەم قالمىدى.

ھەممە ئادەم قان تۆكىمەن دەپ، بىر-بىرىنى پايلاپ تۇرۇشىدۇ.

ھەتتا قېرىنداشلىرىغىمۇ تۇزاق قۇرىدۇ.

3ئۇلارنىڭ قوللىرى رەزىللىك قىلىشقا ئۇستىدۇر.

ئەمەلدار ۋە سوتچىلار پارىخوردۇر.

ھوقۇقدارلار خالىغىنىنى قىلىدۇ،

ھەممىسى تىل بىرىكتۈرۈپ، ئېغىز بۇرۇن يالىشىدۇ.

4ئۇلارنىڭ ئەڭ ياخشىلىرى يانتاقتىن،

ئەڭ دۇرۇسلىرى تىكەنلىك چىتلاقتىن بەتتەردۇر.

پەيغەمبەرلەر ئېيتقان جازا كۈنى كەلدى.

ئەمدى ساراسىمىگە چۈشىدىغان ۋاقتىڭلار بولدى.

5قوشناڭلارغا ئىشەنمەڭلار،

دوستلىرىڭلارغا تايانماڭلار،

ھەتتا قوينۇڭلاردىكى ئاياللىرىڭلارغىمۇ ئاغزىڭلار چىڭ بولسۇن.

6ئوغۇل ئاتىسىنى كەمسىتىدۇ،

قىز ئانىسىغا، كېلىن قېيىنئانىسىغا قارشى چىقىدۇ.

ھەركىمنىڭ دۈشمىنى ئۆز ئائىلىسىدىدۇر.

7لېكىن مەن پەرۋەردىگارغا تەلپۈنىمەن،

قۇتقۇزغۇچىم خۇدانى كۈتىمەن.

خۇدايىم ئىلتىجايىمغا چوقۇم قۇلاق سالىدۇ.

8ئەي دۈشمەنلىرىم، ھالىمىزدىن شادلانماڭلار،

يىقىلغان بولساق، ئورنىمىزدىن تۇرىمىز.

قاراڭغۇلۇقتا قالغان بولساق،

پەرۋەردىگار بىزگە نۇر بولىدۇ.

9بىز پەرۋەردىگارغا قارشى گۇناھ قىلدۇق.

شۇڭا ئۇ بىزنى ياقىلاپ، ئاقلىغۇچە،

بىز پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىگە چىدايمىز.

ئۇ بىزنى يورۇقلۇققا باشلاپ بارىدۇ.

بىز ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىنى كۆرىمىز.

10ئۇ چاغدا، دۈشمەنلىرىمىز بۇنى كۆرىدۇ.

بۇرۇن بىزنى مەسخىرە قىلىپ:

«قېنى، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا؟» دېگەنلەر شەرمەندە بولىدۇ.

ئۇلارنىڭ جازالانغانلىقىغا شاھىت بولىمىز،

ئۇلار ئەمدى خۇددى كوچىدىكى لايدەك دەسسىلىدۇ.

11ئەي ئىسرائىللار،

ھامان بىر كۈنى سېپىللىرىڭلار قايتىدىن قۇرۇلىدۇ.

ئۇ كۈن كەلگەندە زېمىنىڭلار كېڭىيىدۇ.

12ئۇ كۈن كەلگەندە، خەلقلەر سىلەرگە كېلىشىدۇ.

ئاسسۇردىن مىسىرغىچە، مىسىردىن فىرات دەرياسىغىچە بولغان يەرلەردىكى شەھەرلەردىن،

يىراق دېڭىزلاردىن ۋە يىراق تاغلاردىن كىشىلەر سىلەرگە كېلىشىدۇ.

13لېكىن يەر-زېمىن كىشىلەرنىڭ گۇناھى سەۋەبىدىن قاقاسلىققا ئايلىنىدۇ.14ئى پەرۋەردىگار، ساڭا تەۋە پادىلارغا پادىچى بولغايسەن،

ئۇلارنى قوغدىغايسەن!

ئەتراپىدا مول ئوتلاقلار بولسىمۇ،

لېكىن ئۇلار يەنىلا چاتقاللىقتا ئايرىم ياشىماقتا.

ئۇلارنى بۇرۇنقى ۋاقىتلارغا ئوخشاش،

باشان ۋە گىلئادنىڭ مۇنبەت ئوتلاقلىرىدا ئوتلاتقايسەن.

15پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«خۇددى ئەجدادلىرىڭلار مىسىردىن ئايرىلغان چاغدا ئۇلارغا مۆجىزە كۆرسەتكىنىمدەك،

سىلەرگىمۇ مۆجىزە كۆرسىتىمەن.»

16باشقا ئەللەر بۇنى كۆرۈپ،

ئۆزلىرىنى كۈچلۈك چاغلىۋالغانلىقلىرىدىن نومۇس قىلىشىپ،

قوللىرىدا ئاغزىلىرىنى تۇتۇشىدۇ.

قۇلاقلىرى گاس بولىدۇ.

17ئۇلار يىلاندەك،

يەر بېغىرلىغۇچى جانلىقتەك توپا يالايدۇ،

ئۇۋىلىرىدىن تىترىگەن ھالدا چىقىپ كېلىشىدۇ.

ئۇلار پەرۋەردىگارىمىز خۇدادىن دەھشەتكە چۈشىدۇ،

ئۇنىڭدىن قورقىدۇ.

پەرۋەردىگارغا مەدھىيە

18قايسى ئىلاھ ساڭا ئوخشاش كەچۈرۈمچان؟!

قايسى خۇدا ساڭا ئوخشاش سۈرگۈندىن ھايات قالغان ئۆز خەلقىنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرگەن؟

سېنىڭ غەزىپىڭ مەڭگۈلۈك ئەمەستۇر،

چۈنكى سەن مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشتىن خۇرسەن بولىسەن.

19سەن يەنىلا بىزگە ئىچ ئاغرىتىسەن.

ئەيىبلىرىمىزنى ئاياغ ئاستىغا،

پۈتكۈل گۇناھلىرىمىزنى دېڭىزنىڭ تەكتىگە تاشلايسەن.

20سەن قەدىمدە ئەجدادلىرىمىزغا ۋەدە قىلغىنىڭدەك،

ياقۇپ ئەۋلادلىرىغا ئىشەنچىڭنى كۆرسىتىسەن،

ئىبراھىم ئەۋلادلىرىغا مېھىر-مۇھەببەت بېغىشلايسەن.