«مىكاھ»

قىسقىچە چۈشەندۈرۈش

مىكاھ پەيغەمبەر سەھرالىق بىر كىشى بولۇپ، جەنۇبىي پادىشاھلىق، يەنى يەھۇدىيەدىن ئىدى. مىكاھ پەيغەمبەر يەشايا ۋە ھوشىيا پەيغەمبەرلەر بىلەن زامانداش بولۇپ، ئۇنىڭغا تەخمىنەن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 750-يىلىدىن 700-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كەلگەنىدى. ئۇنىڭ يەتكۈزگەن ۋەھىيلىرى شىمالىي ۋە جەنۇبىي پادىشاھلىقلاردا ياشايدىغان خەلقلەر ھەققىدە بولۇپ، ئۇ ۋەھىيلىرىدە بۇ ئىككى پادىشاھلىقتىكى بايلار ۋە ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىكىنى ھەمدە ساختا پەيغەمبەرلەرنىڭ رەزىللىكىنى ئەيىبلەيدۇ. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ۋەيران بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ. لېكىن ئۇ يەنە بۇ ئىككى پادىشاھلىقتىكى خەلقلەر جازالانغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار تەرىپىدىن قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، روناق تاپىدىغانلىقى ھەققىدە بېشارەت بېرىدۇ. ئۇنىڭ ۋەھىيلىرى ئىسرائىلىيە بىلەن يەھۇدىيە ئۈستىدىن چىقىرىلغان ھۆكۈم، قايتا گۈللىنىش ۋە ئاگاھلاندۇرۇش قاتارلىق ئۈچ خىل مەزمۇنغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئۇ بۇ مەزمۇنلارنى ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلەيدۇ. مىكاھ ھايات ۋاقتىدا، يەنى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 721-يىلى سامارىيە، جۈملىدىن پۈتۈن شىمالىي پادىشاھلىق ئاسسۇرلار تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنىدۇ.

تېزىس

1. ئىسرائىلىيە بىلەن يەھۇدىيە ئۈستىدىن چىقىرىلغان ھۆكۈم (1-بابتىن 3-بابقىچە)
2. قايتا گۈللىنىش ۋە تىنچلىق (4-، 5-بابلار)
3. ئاگاھلاندۇرۇش ۋە ئۈمىد (6-، 7-بابلار)