مەرسىيەلەر

1

1-مەرسىيە: يېرۇسالېمنىڭ نالىسى

1ئاھ، بىر چاغلاردا ئادەملەرگە لىق تولغان شەھەر،

ئولتۇرۇپتۇ ئەمدى پېتىپ يالغۇزلۇققا!

بىر چاغلاردا ئەللەر ئارا مەشھۇر شەھەر،

ئوخشاپ قاپتۇ ئەمدى پەقەت تۇل ئايالغا.

بىر چاغلاردا مەلىكە ئىدى ئۇ ئۆلكىلەر ئارا،

ئەمدى ئۇ ئوخشاپ قالغان يوقسۇل قۇلغا.

2يىغلايدۇ ئۇ كېچىلىرى، مەڭزىلىرى تولار ياشقا،

ئاشنىلىرىدىن ھېچكىم بەرمەس تەسەللى ئۇنىڭغا،

دوستلىرىمۇ يۈز ئۆرۈپ، دۈشمەن بولدى ئۇنىڭغا.

3يەھۇدىيە خەلقى ئازاب چەكتى، قۇل بولدى،

سۈرگۈن بولۇپ يىراقلارغا، يات ئەلگە،

تاپالمىدى باش تىققۇدەك بىرەر ماكان ئۆزلىرىگە.

تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغان چاغدا ئۇلار،

ئەسىرگە چۈشتى قوغلاپ كەلگەن دۈشمەنلىرىگە.

4ھېچكىم كېلىپ ھېيت ئۆتكۈزمىگەچكە،

ماتەم تۇتماقتا سىئون*يوللىرى،

چۆلدەرەپ قالغان شەھەر دەرۋازىلىرى،

ھەسرەت چېكەر روھانىيلىرى.

قايغۇغا پاتقان سىئون قىزلىرى،

ئازابقا تولغان ھەم قەلبلىرى.

5خوجايىن بولۇپ دۈشمەنلىرى سىئونغا،

روناق تېپىپ، گۈللىدى راسا.

سىئون قىلغاچ كۆپ گۇناھ،

پەرۋەردىگار ئازابتا قويدى ئۇنى،

دۈشمەنلىرى ئەسىر ئېلىپ بالىلىرىنى،

سۈرگۈن قىلدى ئۇلارنى.

6پۈتۈنلەي يوقالدى سىئوننىڭ شان-شەرىپى،

چۆپ تاپالمىغان كېيىككە ئوخشاپ قالدى يولباشچىلىرى،

ئوۋچىلاردىن قېچىشقا يوقتۇر ئۇلارنىڭ مادارى.

7سەرگەردانلىقنىڭ ئازابلىق پەيتلىرىدە

يېرۇسالېم ئېسىگە ئالار شانلىق كۈنلىرىنى،

ئۆتمۈشتىكى ئۆزىگە تەۋە بايلىقلىرىنى.

ئۇنىڭ خەلقى چۈشكەندە دۈشمەن قولىغا،

ياردەم بەرگۈدەك ھېچكىم بولمىدى ئۇلارغا.

دۈشمەنلىرى كۆرگەندە يېرۇسالېمنى،

مەسخىرە قىلدى ئۇنىڭ ھالاكىتىنى.

8يېرۇسالېم قىلىپ قاتتىق گۇناھ،

بۇلغىدى ئۆزىنى.

بۇرۇن ئۇنى ھۆرمەت قىلغانلار،

كۆرۈپ ئەمدى شەرمەندىچىلىكىنى،

كەمسىتەر ئۇنى.

ئۇ ھەسرەتلىنىپ، قاچۇرار ئۆزىنى.

9ناپاكلىق بۇلغىدى ئۇنىڭ كىيىمىنى،

ئويلاپ باقمىغانىدى ئۇ ئاقىۋىتىنى.

ئۇ پاجىئەلىك ھالدا ۋەيران بولدى،

ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىدىغان ھېچكىم يوق ئىدى.

ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ دېدى: «ئى پەرۋەردىگار،

ئۆتۈنەي، نەزەر سالغىن كۈلپەتلىرىمگە،

ئىگە بولدى دۈشمەنلىرىم غەلىبىگە.»

10دۈشمەن ئېلىپ كەتتى سىئوننىڭ بايلىقلىرىنى.

كۆردى سىئون خەلقى ياتلارنىڭ بېسىپ كىرگىنىنى ئىبادەتخانىغا _

ئىگىمىزنىڭ ياتلارنىڭ كىرىشىنى چەكلىگەن جايىغا.

11پۈتۈن سىئون خەلقى نانغا زار بولۇپ،

ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۆز جېنىنى

ئاش تېگىشىپ يەر گۆھەرگە.

سىئون نالە قىلماقتا:

«ئى پەرۋەردىگار، نەزەر سال ماڭا،

مەن خارلانماقتىمەن!

12ئەي يولدىن ئۆتۈۋاتقانلار، پەرۋا قىلمامسىلەر ماڭا،

كۆرۈۋاتامسىلەر مېنى؟

پەرۋەردىگار غەزەپ كۈنىدە ئازاب بەردى ماڭا،

كىم مەندەك ئازابلىنىپ باققان؟

13ئۇ پەلەكتىن ئوت چۈشۈرۈپ،

كۆيدۈردى سۆڭەكلىرىمنى.

تۇزاق قۇرۇپ يولۇمغا،

قايتۇردى مېنى ئارقامغا.

ئۇ مېنى مەھكۇم قىلدى تەنھالىققا،

ئۈزلۈكسىز ئېچىنىشلىق ئازابقا.

14بويۇنتۇرۇققا ئايلاندى گۇناھلىرىم،

ئۇنى ئۆزى ياسىدى پەرۋەردىگارىم.

بوينۇمغا ئېسىپ بويۇنتۇرۇقنى،

قويمىدى مېنىڭ ھالىمنى.

ئىگىمىز تاپشۇردى مېنى دۈشمەن قولىغا،

مەن تاقابىل تۇرالمايمەن ئۇلارغا.

15ئىگىمىز مەنسىتمىدى پۈتۈن باتۇرلىرىمنى،

لەشكەر توپلاپ ھۇجۇم قىلدى ئۇ ماڭا،

بىتچىت قىلماق بولۇپ يىگىتلىرىمنى.

خۇددى ئۈزۈم ئېزىش كۆلچىكىدە ئۈزۈم ئەزگەندەك

دەسسەپ چەيلىدى يەھۇدىيە خەلقىنى.

16مەن پەرياد قىلىمەن شۇڭا،

كۆز ياشلىرىم سەل بولۇپ ئاقماقتا.

ھېچكىم يوقتۇر تەسەللى، مەدەت بېرىشكە.

پەرزەنتلىرىم قالدى تەنھا، يېگانە،

چۈنكى دۈشمەن ئېرىشتى غەلىبىگە.»

17سىئون قولىنى سوزۇپ ياردەم سورايدۇ،

لېكىن ھېچكىم پەرۋا قىلماس ئۇنىڭغا.

پەرۋەردىگار ئەمر قىلدى قوشنا ئەللەرگە:

«دۈشمەن بول» دەپ ياقۇپ نەسلىگە.

يېرۇسالېم قوشنا ئەللەرنىڭ نەزىرىدە

بولۇپ قالدى ئەمدى يىرگىنچلىك بىر نەرسە.

18سىئون يەنە نالە قىلماقتا:

«لېكىن ئادالەتلىكتۇر پەرۋەردىگار،

ئۆزۈمدۇرمەن قارشى چىققان ئۇنىڭ ئەمرىگە.

ئەي بارچە ئەللەر، قۇلاق سېلىڭلار سۆزۈمگە،

بىر بېقىڭلار كۈلپەتلىرىمگە!

قىز-ئوغۇللىرىم دۇچار بولدى سۈرگۈنگە.

19ياردەم سورىدىم ئاشنىلىرىمدىن،

لېكىن ئۇلار ئالدىدى مېنى.

روھانىي ۋە ئاقساقاللىرىم ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھاياتىنى،

نان ئىزدەپ يۈرۈپ، بەردى شەھەردە جېنىنى.

20ئېھ پەرۋەردىگار،

باققىن مېنىڭ ھەسرەتلىرىمگە.

ئاسىيلىق قىلدىم ساڭا،

يۈرىكىم پۇچۇلۇپ، روھىم سولماقتا شۇڭا.

كوچىلاردا قىرغىنچىلىق،

ئائىلىلەردە ئۆلۈم ھۆكۈم سۈرمەكتە.

21ئاڭلىسىمۇ كىشىلەر ھەسىرەتلىرىمنى،

لېكىن ھېچكىم تەسەللى بەرمەس ماڭا.

پۈتۈن دۈشمەنلىرىم بولار شاد-خۇرام

سېنىڭ سالغان كۈلپەتلىرىڭدىن بېشىمغا.

كەلگەي سېنىڭ ۋەدە قىلغان ھۆكۈم كۈنۈڭ،

ئۇلارنىمۇ ماڭا ئوخشاش سالغايسەن ئازابقا.

22نەزىرىڭدە بولسۇن رەزىللىكلىرى ئۇلارنىڭ!

گۇناھلىرىم ئۈچۈن جازالىغان بولساڭ مېنى قانداق،

ئىستىكىم شۇكى، جازالىغىن ئۇلارنىمۇ ئاشۇنداق.

كۆپتۇر مېنىڭ ئاھۇزارىم،

مادارىدىن كەتتى يۈرەك-باغرىم.»


*1: 4يېرۇسالېم شەھىرىنى كۆرسىتىدۇ.


2

2-مەرسىيە: يېرۇسالېمنىڭ جازالىنىشى

1ئاھ، ئىگىمىزنىڭ غەزىپى خۇددى قارا بۇلۇتقا ئوخشاش قاپلىدى سىئوننى،

ئەرشتىن ئېلىپ، تاشلىدى يەرگە ئىسرائىلىيەنىڭ شەرىپى يېرۇسالېمنى.

ئۇ غەزەپلەنگەندە ئۆزىنىڭ ئىبادەتخانىسىنى ئويلاپمۇ قويمىدى.

2ئىگىمىز رەھىمسىزلىك بىلەن ۋەيران قىلىپ ياقۇپنىڭ تۇرالغۇلىرىنى،

غەزەپ بىلەن تۈزلەپ تاشلاپ، يەھۇدىيەنىڭ قەلئەلىرىنى،

ئاياغ ئاستى قىلىپ، خورلىدى يەھۇدىيە پادىشاھلىقى ۋە ئۇنىڭ يولباشچىلىرىنى.

3ئۇ قاتتىق غەزەپلىنىپ، يوق قىلدى ئىسرائىلىيەنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى،

دۈشمەن ھۇجۇم قىلغاندا كۆتۈرمىدى ھەممىگە قادىر قولىنى.

ئۇ ھەممىنى يالماپ يۇتۇپ ئوت كەبى

كۆيدۈرۈپ كۈل قىلدى ياقۇپنىڭ يۇرتىنى.

4پەرۋەردىگار دۈشمىنىگە بەتلىگەندەك ئوقياسىنى،

ئوڭ قولىدا تارتىپ يانىڭ كىرىچىنى،

ئۆلتۈردى بىز سۆيگەن بارلىق كىشىلەرنى،

ياغدۇردى ھەم سىئون خەلقىگە ئوتتەك قەھرىنى.

5ئىگىمىز دۈشمەن كەبى ۋەيران قىلدى ئىسرائىلىيەنى،

ۋەيران قىلىپ سارايلارنى، تۈزلىۋەتتى قەلئەلەرنى،

يەھۇدىيە خەلقى توختىتالماس ماتەم يىغىسىنى.

6ئۇ خۇددى ۋەيران قىلغاندەك بېغىدىكى كەپىسىنى،

ۋەيران قىلدى ئۆزىنىڭ تۇرالغۇسىنى.

ئۇ ئۆزى بەلگىلىگەن ئۇچرىشىش جايىنى ۋەيران قىلدى،

بىكار قىلدى سىئوندا بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنىنى،

ئۇ قەھرى بىلەن رەت قىلدى پادىشاھ ۋە روھانىيلارنى.

7ئىگىمىز ئۆزىنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىدىن ۋاز كەچتى

ۋە ئۆزىنىڭ ئىبادەتخانىسىنى تەرك ئەتتى.

سىئوندىكى ئوردا سېپىللىرىنى دۈشمەنگە تاپشۇردى.

دۈشمەنلەر خۇددى بايرام بولغاندەك،

پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا قىيقاس-چۇقان كۆتۈردى.

8پەرۋەردىگار سىئوننىڭ سېپىللىرىنى بۇزۇش قارارىغا كەلدى،

ئۇنى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن ئۆلچەپ چىقتى ۋە نىيىتىدىن يانمىدى.

قەلئەلەر، سېپىللار ھەسرەت چېكىپ، ۋەيران بولدى.

9پەرۋەردىگار سىئوننىڭ دەرۋازىلىرىنىڭ بالداقلىرىنى بۇزدى،

شەھەر دەرۋازىلىرى توپىنىڭ ئاستىدا قالدى.

پادىشاھ، يولباشچىلار يات يۇرتلارغا سۈرگۈن قىلىندى،

تەۋرات قانۇنى خەلققە ئۆگىتىلمەس،

پەيغەمبەرلەرگە پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كەلمەس بولدى.

10سىئوننىڭ ئاقساقاللىرى ماتەملىك كىيىم كىيىپ،

بېشىغا كۈل چېچىپ، يەردە ئۈنسىز ئولتۇرۇپ قالدى.

يېرۇسالېم قىزلىرى غەمدىن باشلىرىنى ساڭگىلىتىپ تۇرۇپ قالدى.

11تولا يىغلاپ كۆزلىرىمنىڭ نۇرى ئۆچتى،

يۈرىكىمگە پىچاق تىققاندەك

باغرىم تىتىلدى.

چۈنكى خەلقىم ۋەيران،

بالىلار، بوۋاقلار شەھەر كوچىلىرىدا ھوشسىز ياتاتتى.

12«ئېچىرقىدىم، چاڭقىدىم» دەپ بالىلار

ئانىلىرىغا پەرياد قىلاتتى.

ئۇلار يارىلانغان باتۇرلارغا ئوخشاش

شەھەر كوچىلىرىدا ھوشسىز ياتاتتى،

ئانىلىرىنىڭ قۇچاقلىرىدا ئاستا-ئاستا جان بېرەتتى.

13ئەي يېرۇسالېم، نېمە دەي ساڭا؟

كىمنىڭ دەردى يېتەر ساڭا؟

ئەي سىئون، قانداق تەسەللى بېرەي ساڭا؟

نېمىگە ئوخشىتاي سېنى،

ساقايماستۇر جاراھىتىڭ،

تاپالايدۇ جاراھىتىڭگە كىممۇ داۋا؟

14يالغاندۇر ساختا پەيغەمبەرلىرىڭنىڭ ۋەھىيلىرى.

ئۇلار كۆرسىتىپ بەرمىدى گۇناھلىرىڭنى،

روناق تاپقان ھالىتىڭگە ئەكەلمىدى سېنى،

ئەكسىچە، ساڭا ساختا بېشارەت بەردى.

15چاۋاك چېلىپ، مازاق قىلار سېنى يولدىن ئۆتكەنلەر،

ئۇلار يېرۇسالېمغا قارىشىپ، بېشىنى چايقىشىپ:

«گۈزەللىكتە تەڭداشسىز شەھەر شۇمۇ؟

پۈتۈن دۇنيانى شادلاندۇرغان شەھەر شۇمۇ؟» دېيىشەر.

16دۈشمەنلەر ئۈستۈڭدىن كۈلۈشۈپ، مەسخىرە قىلار سېنى.

ئۇلار چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ دېيىشەر:

«ۋەيران قىلدۇق بىز ئۇنى،

بەرھەق، بۇ ھەقىقەتەن بىز كۈتكەن كۈن ئىدى،

ئاخىر كۆردۇق بىز كۈتكەن بۇ كۈننى!»

17پەرۋەردىگار ئورۇندىدى پىلانىنى،

ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بۇرۇن قىلغان سۆزىنى،

ئۇ رەھىم قىلماي يوقاتتى سېنى،

مەغلۇبىيىتىڭدىن شادلاندۇرۇپ دۈشمىنىڭنى،

تېخىمۇ كۈچلەندۈردى رەقىبىڭنى.

18ئەي سىئوننىڭ شەھەر سېپىلى،

نىدا قىل چىن قەلبىڭدىن ئىگىمىزگە!

كېچە-كۈندۈز ئاقسۇن يېشىڭ دەريا كەبى،

كۈن ۋە تۈن يۇمما كۆزلىرىڭنى.

19ئويغىنىپ كېچىلىرى نەچچە رەت،

نىدا قىلغىن ئىگىمىز ئالدىدا،

قەلبىڭنى ئىزھار قىلغىن ئۇنىڭغا.

قول كۆتۈرۈپ ئۆتۈنگىن ئىگەڭدىن،

ئاچلىقتىن ھوشسىز ياتقان بالىلىرىڭ ئۈچۈن كوچىلاردا.

20سىئون نىدا قىلار: «ئى پەرۋەردىگار، قارىغىن ماڭا،

زەربە بېرىپ باققانمىدىڭ بىرىگە، زەربە بەرگەندەك ماڭا؟

ئەجەبا، ئۆزى باققان بالىسىنىڭ گۆشىنى يەمدۇ ئانا؟

روھانىيلار، پەيغەمبەرلەر ئۆلتۈرۈلەمدۇ ئىگىسىنىڭ ئىبادەتخانىسىدا؟

21قېرىلارنىڭ، بالىلارنىڭ جەسەتلىرى ياتار كوچىدا،

قىزلىرىم، ئوغۇللىرىم ئۆلتۈرۈلگەن قىلىچ ئاستىدا.

ئۇلارنى ئۆلتۈردۈڭ سەن غەزەپلەنگەن كۈنۈڭدە،

ھېچبىر رەھىم قىلمىدىڭ قىرىپ تاشلىغىنىڭدا.

22خۇددى بايرام ئۈچۈن مېھمان تەكلىپ قىلغاندەك،

دۈشمەن يىغىپ ئەتراپىمغا، ھۇجۇم قىلدۇردۇڭ بىزگە.

سەن غەزەپلەنگەن كۈنى ھېچكىم قۇتۇلالمىدى

ھەم ھېچكىم ئۆز جېنىنى ساقلاپ قالالمىدى.

دۈشمەن قىرىپ تاشلىدى مەن تۇغۇپ، باققان بالىلارنى.»

3

3-مەرسىيە: يېرۇسالېمنىڭ خۇداغا ئۈمىد باغلىشى

1ئازاب چەككەن ئىنسانمەن خۇدانىڭ غەزەپ تايىقىدا.2زۇلمەتكە باشلاپ كىردى ئۇ مېنى،

كۆرسەتمەيدۇ ئۇ ماڭا قۇياش نۇرىنى.

3بەرھەق، ئۇ كۈنبويى زەربە بېرەر،

ماڭا تىنماي ھۇجۇم قىلار.

4شەلۋەرەتتى ئەت ۋە تېرەمنى،

سۇندۇردى ئۇستىخانلىرىمنى.

5ھەر جەھەتتىن ئازابلار مېنى،

تېتىدىم جەبىر-زۇلۇمنى.

6مەھكۇم قىلدى مېنى زۇلمەتكە،

ئوخشاپ قالدىم خېلى بۇرۇن ئۆلگەن ئادەمگە.

7قاچمىسۇن دەپ، قاماپ قويدى ئۇ مېنى،

شۇنچە ئېغىر زەنجىر بىلەن باغلاپ تېنىمنى.

8قىلساممۇ گەر يىغلاپ نىدا،

قۇلاق سالماس دۇئايىمغا.

9تاشلار بىلەن توسۇپ ماڭار يولۇمنى،

شۇنچە قىيىن قىلدى مېنىڭ مېڭىشىمنى.

10ئېيىق كەبى پايلاپ تۇرار ئۇ مېنى بۆكتۈرمىدە،

پۇرسەت كەلسە شىر كەبى ئېتىلماق بولۇپ ئۈستۈمگە.

11يولدىن سۆرەپ بىر چەتكە مېنى،

تاشلاپ قويار پارچە-پارچە قىلىپ تېنىمنى.

12خۇدا تارتىپ ياسىنى،

نىشان قىلدى مېنى.

13يادىن ئۈزۈلگەن ئوقلىرى،

تەشتى مېنىڭ يۈرىكىمنى.

14قالدىم پۈتۈن خەلقنىڭ مەسخىرىسىگە،

مازاق قىلار كۈنبويى قېتىپ بېيىتىگە.

15ئۇ مېنى سالدى ئازابقا،

دەرد تارتتىم يەتكۈچە.

16توپىغا مىلەپ چەيلىدى ئۇ مېنى،

تاشلار بىلەن چاقتى چىشلىرىمنى.

17يوقاتتى ئۇ تىنچلىقىمنى،

ئۇنتۇدۇم شادلىقنىڭ نېمىلىكىنى.

18دېدىم «قالمىدى ھېچ دەرمانىم،

ئۈزۈلدى پەرۋەردىگاردىن ئۈمىدىم.»

19ئويلىسام دەرد تارتقان، سەرگەردان كۈنلىرىمنى،

ئەسلەيمەن ئەمەن ۋە ئۆتنىڭ قىرتاق تەملىرىنى.

20بۇ مەنزىرىلەر قاپلاپ قەلبىمنى

شۇنچە ئېغىر باسار روھىمنى.

21بىراق ئويلىسام پەرۋەردىگارنى،

يوقاتمايمەن ئۈمىدىمنى.

22توختىماس پەرۋەردىگارنىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتى،

ئۈزۈلمەس ئۇنىڭ چەكسىز رەھىمدىللىكى.

23ئۇنىڭ مۇھەببىتى ۋە رەھىمدىللىكى يېڭىلىنار ھەر كۈنى سەھەر،

ئۇنىڭ بىزگە بولغان ساداقىتى بۈيۈك شۇ قەدەر.

24بارلىقىم دەپ بىلىمەن پەرۋەردىگارنى،

شۇڭا ئۇنىڭغا باغلايمەن ئۈمىدىمنى.

25بەخت ئاتا قىلار پەرۋەردىگار ئۆزىگە ئۈمىد باغلىغانلارغا،

ئىلتىپاتىنى ياغدۇرار ئۆزىگە سېغىنغانلارغا.

26پەرۋەردىگارنىڭ قۇتقۇزۇشىنى كۈتۈش گۈزەلدۇر شۇڭا.27پايدىلىقتۇر تەربىيە ئېلىش ياشلىقتا.
28تەنھا ئولتۇرۇپ، سۈكۈت قىل

پەرۋەردىگاردىن تەربىيە ئالغاندا.

29ئىتائەتچانلىق بىلەن باش قوي زېمىنغا،

بەلكىم بىرەر ئۈمىد باردۇر يەنىلا.

30تەربىيەچىگە تۇتۇپ بەرگىن مەڭزىڭنى،

رەت قىلماي ئاڭلىغىن تىل-ئاھانەتلىرىنى.

31ئىگىمىز تاشلىماس بىزنى مەڭگۈگە.32گەرچە ئۇ ئازار بەرسىمۇ بىزگە،

شاپائەت قىلار ئۇ يەنە،

چۈنكى ئۇ ئىگىدۇر چەكسىز مۇھەببەتكە.

33ئىگىمىز ئادەملەرنى ئازابلاشنى، قىيناشنى خالىمايدۇ.
34يۇرتتىكى ئەسىرلەرنىڭ ئاياغ ئاستى قىلىنغانلىقىنى،35ئادەملەرنىڭ ئادالەتتىن مەھرۇم بولغانلىقىنى،

ئۇلۇغ خۇدا بىلىپ تۇرىدۇ.

36سوتتا ناھەقچىلىق قىلغانلارنى،

ئىگىمىز كۆرۈپ تۇرىدۇ.

37ئەگەر ئىگىمىز بۇيرۇمىغان بولسا ئۇنى،

ئەمەلگە ئاشسۇن كىمنىڭمۇ سۆزى؟

38ئۇلۇغ خۇدانىڭ ئەمرىسىز بولغانمۇ ئاپەت ياكى ئامەت؟39بىز جازالاندۇق گۇناھلىرىمىز ۋەجىدىن،

قانداقمۇ ئاغرىنايلى خۇدادىن؟

40قاراپ باقايلى يولىمىزغا،

قايتايلى پەرۋەردىگارنىڭ يولىغا.

41قولىمىزنى سوزۇپ يۇقىرىغا،

چىن دىلىمىزدىن دۇئا قىلايلى ئەرشتىكى خۇداغا:

42«گۇناھ قىلدۇق، يۈز ئۆرۈدۇق،

كەچۈرمىدىڭ سەن بىزنى.

43غەزەپ بىلەن قوغلاپ ئارقىمىزدىن،

رەھىمسىزلەرچە قىردىڭ بىزنى.

44يوشۇرۇۋالغاچقا سەن ئۆزۈڭنى بۇلۇتلارغا،

بارالمىدى دۇئايىمىز سېنىڭ يېنىڭغا.

45ئەللەر ئارا ئايلاندۇردۇڭ بىزنى كېرەكسىز داشقالغا.
46دۈشمىنىمىز كۈلۈشۈپ، مازاق قىلار بىزنى مانا.47چۈشتۇق بىز قورقۇنچقا،

يۈزلەندۇق تۇزاق، ھالاكەت ۋە يوقىلىشقا.»

48خەلقىمنىڭ ھالاكىتىدىن كۆز يېشىم بولدى دەريا.49ياش توختىماس كۆزۈمدىن، توختىماس ئەسلا،50پەرۋەردىگار ئەرشتىن باقمىغۇچە ھالىمىزغا.51كۆرسەم شەھەردىكى ئاياللارنى،

كۆرگەنلىرىم ئازابلايدۇ قەلبىمنى.

52سەۋەبسىزلا دۈشمەن بولۇپ ماڭا ئادەملەر،

قۇشقاچ تۇتماقچى بولغاندەك قوغلايدۇ ئۇلار.

53چوڭقۇر ئورىغا تاشلاپ ئۇلار مېنى،

ئەتتى تاش بىلەن ئورىنىڭ ئاغزىنى.

54سۇ باستى مېنى،

ئۆلدۈم، دېدىم ئىچىمدە.

55ئى پەرۋەردىگار،

چوڭقۇر ئورىدىن ئىلتىجا قىلدىم ساڭا.

56ئاڭلىغايسەن ئىلتىجايىمنى،

قۇلاق سېلىپ تىڭشىغايسەن نىدايىمنى.

57ئىلتىجا قىلسام ساڭا،

كېلىپ مېنىڭ يېنىمغا:

«قورقما» دېدىڭ ماڭا.

58ئى ئىگەم، ئاقلاپ مېنى،

قۇتۇلدۇردۇڭ ھاياتىمنى.

59ئى پەرۋەردىگار،

كۆردۈڭ ماڭا ئۇۋال بولغانلىقىنى،

گۇناھسىز، دەپ ھۆكۈم قىلغايسەن مېنى!

60بىلدىڭ ئۇلارنىڭ ماڭا ئۆچلۈكىنى،

قىلغان بارلىق سۇيىقەستلىرىنى.

61ئى پەرۋەردىگار، ئاڭلىدىڭ ئۇلارنىڭ مېنى قانداق تىللىغانلىقىنى،

ماڭا قانداق سۇيىقەست قىلغانلىقىنى.

62ئۇلار ماڭا تۆھمەت قىلار، قارشى تۇرار كۈنبويى.63قارا! ئەتىگەندىن كەچكىچە نېمە قىلسا ئۇلار،

ناخشىلىرىدا مېنى مەسخىرە قىلار.

64ئى پەرۋەردىگار،

ئۆتۈنەي، جازالىغىن ئۇلارنى قىلمىشىغا يارىشا!

65ئۆتۈنەي، ئەندىشە سېلىپ دىلىغا،

لەنىتىڭنى چۈشۈرگەيسەن ئۇلارغا.

66ئى پەرۋەردىگار، ئۆتۈنەي،

غەزەپ بىلەن قوغلاپ يۈرۈپ ئۇلارنى،

يوق قىلغايسەن دۇنيادىن تامامىنى.

4

4-مەرسىيە: ۋەيران بولغان يېرۇسالېم

1ئاھ، ئالتۇن يوقاتقان جۇلاسىنى،

ساپ ئالتۇنمۇ ئۆزگەرتكەن رەڭگىنى!

ئىبادەتخانىنىڭ تاشلىرى چېچىلغان كوچىلارغا.

2ئالتۇندەك قىممەتلىك ئىدى سىئون ئوغۇللىرى ئەسلىدە،

ئەمدى بولدى كۇلالچىنىڭ ھېجىرىدەك قەدىرسىز بۈگۈندە!

3چىلبۆرىمۇ ئۆز بالىسىنى ئېمىتەر،

لېكىن خەلقىم تۆگىقۇشتەك

بالىلىرىنى تەرك ئېتەر.

4ئۇسسۇزلۇقتىن چاڭقىغان بوۋاقلارنىڭ

تىللىرى چاپلىشىپ قالغان تاڭلىيىغا،

نان سورىسا تىلەمچىلىك قىلىپ بالىلار،

بىر بۇردا نان بەرمەس ھېچكىم ئۇلارغا.

5بىر چاغلاردا ئېسىل يېمەكلىكلەرنى يېگەنلەر،

ئەمدى بۈگۈن كوچىلاردا ئاچلىقتىن ئۆلەر.

قىممەت باھالىق توق قىزىل لىباس ئارتقانلار،

ئەمدى كۈل دۆۋىلىرىنى ماكان قىلار.

6ھېچكىم ھۇجۇم قىلمىسىمۇ سودوم شەھىرىگە،

سودوم شەھىرى تۇيۇقسىز ۋەيران بولدى.

ۋاھالەنكى، خەلقىمنىڭ جازاسى

سودوم شەھىرىدىن ئېغىر بولدى.

7سىئوننىڭ يولباشچىلىرى قاردىنمۇ پاك،

سۈتتىنمۇ ئاق ئىدى.

تەنلىرى قىزىل ياقۇتتىنمۇ پارقىراق،

تەقى-تۇرقى كۆك ياقۇتتەك گۈزەل ئىدى.

8ھازىر ئۇلارنىڭ چىرايلىرى قۇرۇمدىن قارا ئىدى،

كوچىدا ھېچكىم تونۇمايتتى.

بىر تېرە بىر ئۇستىخان بولۇپ تېنى،

قۇرۇق قاقشال بولغانىدى.

9ئاچلىقتا ئۆلگەنلەردىن بەختلىكتۇر جەڭدە ئۆلگەنلەر،

قىينىلىپ ئۆلۈپ كېتەر ئاچلىقتا ئۆلگەنلەر.

10خەلقىم ھالاكەتكە ئۇچرىغىنىدا،

ئۆز بالىسىنى پىشۇرۇپ يېدى مېھرىبان ئانا.

11قەھر-غەزەپكە كېلىپ پەرۋەردىگار،

چاچتى ئوتلۇق قەھرىنى.

ئوت كېتىپ سىئونغا،

كۆيدۈردى پۈتۈن شەھەرنى.

12پادىشاھ ۋە خەلقلەرنىڭ

ھېچقايسىسى ئىشەنمەيتتى دۈشمەننىڭ

يېرۇسالېم شەھەر دەرۋازىسىدىن بۆسۈپ كىرەلەيدىغانلىقىغا.

13لېكىن بۇنداق ئىش ھەقىقەتەن يۈز بەردى.

چۈنكى گۇناھ قىلدى يېرۇسالېمنىڭ پەيغەمبەرلىرى،

ھەققانىيلارنىڭ قېنىنى تۆكتى شەھەردە روھانىيلىرى.

14خۇددى كور ئادەمدەك يۈرۈپ كوچىلاردا ئۇلار،

پۈتۈن تېنىنى بۇلغىدى قاندا،

ھېچكىم جۈرئەت قىلالماس تېگىپ كېتىشكە ئۇلارغا.

15كىشىلەر ۋارقىرىشىپ ئۇلارغا:

«يوقىلىش، ئەي ناپاكلار،

يوقىلىش، يوقىلىش، تېگىپ كېتىشمە بىزگە!» دېيىشەر.

شۇڭا سەرسان، سەرگەردان بولدى ئۇلار.

يات خەلقلەرمۇ:

«بۇ يەردە تۇرۇشما» دەپ ھەيدىشەر.

16پەرۋەردىگار ئۆزى قوغلاپ چىقاردى ئۇلارنى،

غەمخورلۇق قىلماس ئەمدى ئۇلارغا.

كىشىلەر ھۆرمەت بىلدۈرمەس روھانىيلارغا،

مەرھەمەت كۆرسەتمەس ئاقساقاللارغا.

17بىھۇدە كۈتىۋېرىپ، تالدى كۆزىمىز،

دەرۋەقە، بىزگە ياردەم بېرەلمەيدىغان

بىر ئەلگە ئۈمىد باغلىغان ئىكەنمىز.

18ئىز بېسىپ قوغلاپ يۈرەر دۈشمىنىمىز،

كوچىغا چىقىشقا يوقتۇر جۈرئىتىمىز.

قالدى ساناقلىق كۈنىمىز،

چېكىگە يەتتى ئۆمرىمىز،

چۈنكى توشتى ئەجىلىمىز.

19بۈركۈتتىن تېزدۇر بىزنى قوغلىغۇچىلار،

تاغلاردا بىزنى قوغلاپ كېلەر،

بۆكتۈرمە قويۇپ چۆلدە، كۈتۈپ تۇرار.

20پەرۋەردىگار تاللىغان پادىشاھ _ ھاياتىمىزنىڭ يىلتىزى

چۈشتى ئۇلارنىڭ قىلتىقىغا.

ئۈمىد قىلغانىدۇق بىز ئەسلى،

ياشايمىز دەپ ئەللەر ئارا پادىشاھىمىزنىڭ سايىسىدا.

21ئەي ئۇس يۇرتىدا ياشايدىغان ئىدوملۇقلار،

خۇشال بولۇۋېلىڭلار، شادلىنىۋېلىڭلار.

چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى تولغان قەدەھ كېلەر ئەمدى سىلەرگە،

ئۇنى ئىچىپ مەست بولىسىلەر، ئاندىن يالىڭاچلىنىسىلەر.

22ئەي سىئون شەھىرى، تارتىپ بولدۇڭ جازايىڭنى،

پەرۋەردىگار سۈرگۈندە تۇتۇپ تۇرماس ئەمدى سېنى.

لېكىن ئەي ئىدوم، ئەمدى پەرۋەردىگار بېرەر جازايىڭنى،

ئاشكارا قىلار جىنايىتىڭنى!

5

5-مەرسىيە: يېرۇسالېمنىڭ ئىلتىجاسى

1ئى پەرۋەردىگار، يادىڭدا تۇت بېشىمىزغا كەلگەنلىرىنى،

كۆرۈپ قوي تارتقان خورلۇقلىرىمىزنى.

2ياتلارغا تاپشۇردۇڭ ئۆزۈڭ بەرگەن زېمىنىمىزنى،

يات خەلقلەرگە بەردىڭ ئۆيىمىزنى.

3بىز ئايلاندۇق ئاتىسىز يېتىم بالىغا،

ئانىلىرىمىز ئايلاندى تۇل خوتۇنغا.

4ئۆز سۈيىمىزنى سېتىۋالىمىز پۇلغا،

پۇل تۆلەيمىز ئۆز ئوتۇنىمىزغا.

5دۈشمەن قوغلاپ، قويمىدى ھالىمىزنى،

چارچىدۇق، يوقاتتۇق خاتىرجەملىكىمىزنى.

6ئېرىشمەك ئۈچۈن تاماققا،

باش ئەگدۇق مىسىر ۋە ئاسسۇرغا.

7گۇناھ قىلىپ ئۆتۈپ كەتتى ئەجدادلىرىمىز،

ئەمدى بىز ئۇلارنىڭ جازاسىنى تارتماقتىمىز.

8بىزگە خوجايىن بولدى قۇللار،

ئۇلاردىن بىزنى كىم قۇتقۇزار؟

9دالالار تولۇپ كەتكەن بۆكتۈرمىگە،

يېمەكلىك تاپىمىز تەۋەككۈل قىلىپ خەتەرگە.

10ئاچلىقتىن ئۆرلەپ قىزىتمىمىز،

تونۇردەك قىزىيدۇ تېنىمىز.

11سىئوندا زوراۋانلىققا ئۇچرايدۇ ئاياللار،

يەھۇدىيە شەھەرلىرىدە ئاياغ ئاستى قىلىنار قىزلار.

12ئىككى قولىدىن ئېسىپ قويۇلار يولباشچىلار،

ھۆرمەتكە سازاۋەر بولالمايدۇ ئاقساقاللار.

13قۇل بولۇپ يارغۇنچاقتا ئۇن تارتار ياش يىگىتلىرىمىز،

ئوتۇن يۈدۈپ دەلدەڭشىپ يۈرۈشەر ئوغۇل بالىلىرىمىز.

14شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا ئولتۇرمايدۇ ئەمدى ئاقساقاللار،

ساز چېلىپ نەغمە قىلمايدۇ ياشلار.

15قەلبىمىزدىن يوقالدى خۇشاللىقىمىز،

ماتەم يىغىسىغا ئايلاندى ئۇسسۇلىمىز.

16شەرەپ تاجى يوق ئەمدى بېشىمىزدا،

چۈنكى بىز گۇناھ قىلدۇق، ۋاي ئەمدى ھالىمىزغا!

17دەرد-ئەلەمگە تولدى قەلبىمىز،

يىغلاۋېرىپ خىرەلەشتى كۆزىمىز.

18چۈنكى قاقاسلىققا ئايلاندى سىئون تېغى،

چىلبۆرىگە ماكان بولدى ھەممە يېرى.

19لېكىن، ئى پەرۋەردىگار، ھۆكۈم سۈرىسەن مەڭگۈگە،

تەختىڭ داۋاملىشىدۇ دەۋردىن-دەۋرگە.

20نىچۈن تامام ئۇنتۇدۇڭ بىزنى،

نىچۈن شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت تاشلىدىڭ بىزنى؟

22-21 ئەگەر بىزگە ئەبەدىي غەزەپلەنمىگەن ۋە

بىزدىن ۋاز كەچمىگەن بولساڭ،

ئى پەرۋەردىگار، قايتۇرۇپ كەل بىزنى يېنىڭغا،

قايتايلى بىزمۇ ساڭا،

ئۆتۈنەيلى، قايتۇر بىزنى ئاشۇ پارلاق زامانغا.