«مەرسىيەلەر»

قىسقىچە چۈشەندۈرۈش

«مەرسىيەلەر» ناملىق بۇ بەش پارچە مەرسىيە مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 586-يىلى يېرۇسالېم (سىئون) ۋەيران بولغاندىن كېيىن يېزىلغان بولۇپ، بۇ مەرسىيەلەردە يېرۇسالېمنىڭ ۋەيران قىلىنىشى ۋە سۈرگۈن قىلىنغان ئىسرائىللارنىڭ ھەسرەتلىرى بايان قىلىنىدۇ. گەرچە بۇ مەرسىيەلەردە ھەسرەت ۋە ماتەم ئاساسلىق سالماقنى ئىگىلىسىمۇ، ئەمما كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىد ۋە خۇداغا بولغان ئىشەنچمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.
بۇ مەرسىيەلەر ئىبرانىيچە شېئىرلارنىڭ ئالاھىدە بىر خىل شەكلىدە يېزىلغان بولۇپ، بۇ مەرسىيەلەرنىڭ 1-، 2-، 4- پارچىسىنىڭ ھەربىر ئايىتىنىڭ بىرىنچى سۆزىنىڭ بىرىنچى ھەرپى ئىبرانىي ئېلىپبەسىدىكى ھەرپلەرنىڭ رەت تەرتىپى بويىچە باشلانغان. پەقەت 3-پارچە مەرسىيەدە ھەربىر ئۈچ ئايەتنىڭ بېشىدىكى سۆز ئوخشاش ھەرپ بىلەن باشلانغان. بەزى مۇتەخەسسىسلەر بۇ مەرسىيەلەرنى يەرەمىيا پەيغەمبەر يازغان دەپ قارايدۇ. يەھۇدىيلار مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 586-يىلى يۈز بەرگەن بۇ پاجىئەنى خاتىرلەش ئۈچۈن ھەر يىلى ئۆتكۈزىدىغان ماتەم كۈنلىرى ۋە روزا تۇتۇش كۈنلىرىدە بۇ مەرسىيەلەرنى ئوقۇيدۇ.

تېزىس

1. يېرۇسالېمنىڭ نالىسى (1-باب)
2. يېرۇسالېمنىڭ جازالىنىشى (2-باب)
3. يېرۇسالېمنىڭ خۇداغا ئۈمىد باغلىشى (3-باب)
4. ۋەيران بولغان يېرۇسالېم (4-باب)
5. يېرۇسالېمنىڭ ئىلتىجاسى (5-باب)