ھوشىيا

 

1

ھوشىيانىڭ ئايالى ۋە بالىلىرى

1يەھۇدىيەگە ئۇززىيا، يوتەم، ئاخاز ۋە خىزكىيالار ھۆكۈمرانلىق قىلغان زامانلاردا ۋە ئىسرائىلىيەگە يىھوئاشنىڭ ئوغلى ياروبئام II پادىشاھ بولغان ۋاقىتلاردا، بەئەرىنىڭ ئوغلى ھوشىياغا پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كەلگەنىدى.
2پەرۋەردىگاردىن ھوشىياغا تۇنجى قېتىم ۋەھىي كەلگەن چاغدا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: «سەن بىر پاھىشەنى خوتۇنلۇققا ئالغىن. ئۇ ساڭا باشقا ئەرلەردىن پەرزەنتلەر تۇغۇپ بېرىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش بۇ زېمىندىكى كىشىلەرمۇ مەن پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈپ، ساداقەتسىزلىك قىلماقتا» دېگەنىدى.3شۇنىڭ بىلەن ھوشىيا دىبلايىمنىڭ قىزى گومەرگە ئۆيلەندى. گومەر ھامىلىدار بولۇپ، ئۇنىڭغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى.
4پەرۋەردىگار ھوشىياغا مۇنداق دېدى:
_ ئوغلۇڭغا «يىزرىئەل» دەپ ئىسىم قويغىن. چۈنكى پادىشاھ يېھۇ بۇرۇن يىزرىئەلدە قان تۆككەن، مەن ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنىڭ خانىدانلىقىنى جازالايمەن، ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىنىمۇ ۋەيران قىلىمەن.
5ئۇ كۈن كەلگەندە، مەن يىزرىئەل تۈزلەڭلىكىدە ئىسرائىلىيەنىڭ ئوقيالىرىنى سۇندۇرىمەن.
6كېيىن گومەر يەنە ھامىلىدار بولۇپ، بىر قىز تۇغدى. پەرۋەردىگار ھوشىياغا مۇنداق دېدى:
_ قىزىڭغا «لو-رۇخاما» [مەنىسى «ئىچ ئاغرىتماسلىق»] دەپ ئىسىم قويغىن. چۈنكى مەن ئەمدى ئىسرائىلىيە خەلقىگە ئىچ ئاغرىتمايمەن، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرمەيمەن.
7لېكىن مەن يەھۇدىيە خەلقىگە ئىچ ئاغرىتىمەن. مەن پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ خۇداسىدۇرمەن. مەن ئۇلارنى قۇتۇلدۇرىمەن، ئۇلارنى ئوقيا، قىلىچ، ئۇرۇش، ئات ياكى چەۋەندازلار بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆز قۇدرىتىم بىلەن قۇتۇلدۇرىمەن.
8گومەر لو-رۇخامانى ئەمچەكتىن چىقارغاندىن كېيىن، يەنە ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى.9پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى:
_ ئوغلۇڭغا «لو-ئامى» [مەنىسى «خەلقىم ئەمەس»] دەپ ئىسىم قويغىن. چۈنكى سىلەر ئەمدى مېنىڭ خەلقىم ئەمەس، مەنمۇ سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار ئەمەس.
10لېكىن شۇنداق بىر ۋاقىتلار كېلىدۇكى، ئىسرائىلىيە خەلقى خۇددى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك سان-ساناقسىز كۆپىيىدۇ. مەن بۇرۇن ئۇلارغا قەيەردە: «سىلەر مېنىڭ خەلقىم ئەمەس» دېگەن بولسام، يەنە شۇ يەردە ئۇلارغا: «سىلەر مەنكى مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىدۇرسىلەر» دەيمەن.11ئۇ چاغدا، ئىسرائىلىيە بىلەن يەھۇدىيە خەلقى بىرلىشىدۇ ۋە ئۆزلىرىگە بىر يېتەكچى تەيىنلەيدۇ. ئۇلار ئۆز يۇرتىدا گۈللىنىدۇ. يىزرىئەلنىڭ*زامانى بۈيۈك بىر زامان بولىدۇ.


*1: 11يىزرىئەل _«خۇدا تېرىيدۇ» دېگەن مەنىدە بولۇپ، خۇدانىڭ ئىسرائىللارنى قايتىدىن گۈللەندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.


 

2

1ئاكا-ئىنىڭلارنى «ئامى» [مەنىسى «مېنىڭ خەلقىم»]، ئاچا-سىڭلىڭلارنى «رۇخاما» [مەنىسى «ئىچ ئاغرىتىش»] دەپ چاقىرىڭلار.

گومەر ۋە ساداقەتسىز ئىسرائىلىيەنىڭ ئەيىبلىنىشى

2پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئەيىبلەڭلار، ئاناڭلارنى ئەيىبلەڭلار!

ئۇ ئەمدى مېنىڭ خوتۇنۇم ئەمەس،

مەنمۇ ئۇنىڭ ئېرى ئەمەس.

يۈزىدىكى پاھىشىلىك جىلۋىلىرىنى،

ئۈستىدىكى ئۇياتسىز كىيىملىرىنى يوقاتسۇن.

3بولمىسا مەن ئۇنىڭ كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ،

ئۇنى ئانىدىن تۇغما ھالەتكە كەلتۈرىمەن.

خۇددى قۇملۇقتەك قاقاس چۆلگە ئايلاندۇرۇپ،

ئۇسسۇزلۇقتىن چاڭقىتىپ ئۆلتۈرىمەن.

4ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىگىمۇ ئىچىمنى ئاغرىتمايمەن،

چۈنكى ئۇلار پاھىشەنىڭ پەرزەنتلىرىدۇر.

5ئۇلارنىڭ ئانىسى بۇزۇقچىلىق قىلىپ،

نومۇسسىزلارچە ئېغىر ئاياغ بولدى.

ئۇ: ‹مەن ئاشنىلىرىمنى ئىزدەيمەن،

ئۇلار ماڭا يېمەك-ئىچمىكىمنى، يۇڭ ۋە زىغىر رەختىمنى، زەيتۇن يېغى ۋە شارابىمنى بېرىدۇ› دەيدۇ.

6شۇڭا مەن پەرۋەردىگار ئۇنىڭ يولىنى تىكەن بىلەن توسىمەن،

ئۇ يولىنى تاپالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئالدىغا تام قوپۇرىمەن.

7ئۇ ئاشنىلىرىنى قوغلىسىمۇ، يېتىشەلمەيدۇ،

ئىزدىسىمۇ تاپالمايدۇ.

شۇڭا ئۇ: ‹بىرىنچى ئېرىمنىڭ يېنىغا قايتىپ كېتەيچۇ،

بۇرۇنقى ئەھۋالىم ھازىرقىدىن ياخشىراق ئىدى› دەيدۇ.

8لېكىن ئۇ ئۆزىگە ئاشلىق، شاراب، زەيتۇن يېغى

ۋە ئالتۇن-كۈمۈش بەرگۈچىنىڭ مەن ئىكەنلىكىمنى بىلمىدى.

ئۇ بۇلارنى بۇت ئىلاھى بائالغا ئىشلەتتى.

9شۇڭا ئورما ئۇرۇش ۋە شاراب چىقىرىش ۋاقىتلىرى كەلگەندە،

مەن ئاشلىق ۋە شارابلىرىمنى ئۇنىڭغا بەرمەيمەن.

ئۇنىڭغا كىيىم-كېچەك ئۈچۈن بەرگەن يۇڭ ۋە زىغىر رەختلەرنى تارتىۋالىمەن.

10ئاشنىلىرىنىڭ ئالدىدا كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ، يالىڭاچ قىلىپ قويىمەن.

ھېچكىم ئۇنى قولۇمدىن قۇتقۇزالمايدۇ.

11ئۇنىڭ خۇشال ئۆتكۈزىدىغان بارلىق بايراملىرىنى،

يەنى يېڭى يىل، يېڭى ئاي بايراملىرىنى، باشقا بەلگىلەنگەن بايراملىرىنى ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىنى يوق قىلىمەن.

12ئۇ: ‹ئۈزۈمزارلىقىمنى ۋە ئەنجۈرلۈكۈمنى ئاشنىلىرىم ماڭا ھەق سۈپىتىدە بەرگەن› دەيدۇ.

شۇڭا مەن ئۇلارنى ۋەيران قىلىپ،

چاتقاللىققا ئايلاندۇرىمەن،

باغلىرىنى ياۋايى ھايۋانلار يەيدۇ.

13ئۇ بۇت ئىلاھى بائالغا ئاتاپ كۈجە كۆيدۈرگەن كۈنلەر ئۈچۈن،

ئۇنى جازالايمەن.

ئۇ كۈنلەردە ئۇ ئۈزۈك ۋە زىبۇ-زىننەتلەرنى ئېسىپ،

ئاشنىلىرىغا دۈم چۈشۈپ، مېنى ئۇنتۇدى.

بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

14شۇنداق بولسىمۇ، مەن ئۇنى قايتىدىن ئۆزۈمگە قىزىقتۇرىمەن.

چۆلگە ئاپىرىپ، شېرىن سۆزلەر بىلەن كۆڭلىنى ئالىمەن.

15ئۈزۈمزارلىقلىرىنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بېرىمەن،

‹بالايىئاپەت جىلغىسى›نى ‹ئۈمىد دەرۋازىسى›غا ئايلاندۇرىمەن.

ئۇ ياشلىقىدا مىسىردىن چىققان چاغدا، ماڭا ئەگەشكەندەك ئەگىشىدۇ.

16مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەنكى،

ئۇ كۈن كەلگەندە، سەن مېنى ‹ئېرىم› دەپ چاقىرىسەن،

‹خوجايىنىم› دەپ چاقىرمايسەن.

17مەن سېنىڭ ئاغزىڭدىن بائالنىڭ ئىسمىنى يوقىتىمەن،

سەن ئۇنىڭ ئىسمىنى قايتا تىلغا ئالمايدىغان بولىسەن.

18مەن ئۇ كۈن كەلگەندە ھايۋانلار،

قۇشلار ۋە ئۆمىلىگۈچى جانلىقلار بىلەن ئەھدە تۈزىمەن.

ئۇلار ساڭا چېقىلمايدۇ.

زېمىندىكى ئوقيا، قىلىچلارنى ۋەيران قىلىپ، ئۇرۇشلارنى يوقىتىمەن،

سەن تىنچ، بىخەتەر ياشايسەن.

19سېنى مەڭگۈلۈك ئەمرىمگە ئالىمەن.

مەن ساڭا ھەققانىيلىق، ئادىللىق، مۇھەببەت ۋە شاپائىتىمنى كۆرسىتىمەن.

20سېنى ئەمرىمگە ئالىمەن ۋە ساڭا ۋاپادار بولىمەن.

شۇندىلا سەن مەن پەرۋەردىگارنى تونۇيسەن.

21مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەنكى،

ئۇ كۈن كەلگەندە ئاسماننىڭ ئىلتىجاسىنى ئىجابەت قىلىمەن،

ئاسمان زېمىننىڭ ئىلتىجاسىنى ئىجابەت قىلىدۇ.

22زېمىن ئاشلىق، شاراب ۋە زەيتۇن يېغى بىلەن جاۋاب بېرىدۇ.

بۇلار ‹يىزرىئەل _ خۇدا تېرىيدۇ!› دەپ جاۋاب قايتۇرىدۇ.

23سېنى بۇ زېمىنغا ئۆزۈم ئۈچۈن تېرىيمەن.

مەن ‹ئىچ ئاغرىتما› دەپ ئاتالغانلارغا ئىچ ئاغرىتىمەن،

‹خەلقىم ئەمەس› دەپ ئاتالغانلارنى ئەمدى ‹مېنىڭ خەلقىم› دەپ ئاتايمەن،

سەن مېنى: ‹سەن مېنىڭ خۇدايىم› دەپ ئاتايسەن.»

 

3

ھوشىيانىڭ گومەرگە قايتا كۆڭۈل بېرىشى

1پەرۋەردىگار مەن ھوشىياغا مۇنداق دېدى:
_ سەن يەنە بىر قېتىم باشقا ئەرنى سۆيىدىغان زىناخور ئايالىڭغا كۆڭلۈڭنى بەرگىن. مەن پەرۋەردىگار خۇددى ئىسرائىلىيە خەلقىنى سۆيگەندەك، سەنمۇ ئۇنى سۆيگىن. گەرچە ئۇلار باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ، بۇتلارغا كىشمىش سۇنۇشنى ياخشى كۆرسىمۇ، مەن پەرۋەردىگار يەنىلا ئۇلارنى ياخشى كۆرىمەن.

2شۇڭا مەن ئايالىمنى 170 گىرام كۈمۈش ۋە 150 كىلو ئارپىغا سېتىۋالدىم.3ئاندىن ئۇنىڭغا:
_ سەن مەن بىلەن بىر مەزگىل بىرگە تۇرىسەن، بۇ جەرياندا پاھىشىلىك قىلما، بىرەرمۇ ئەر كىشىگە يېقىنلاشما، مەنمۇ ساڭا يېقىنلاشمايمەن، _ دېدىم.

4شۇنىڭغا ئوخشاش، ئىسرائىلىيە خەلقىمۇ بىر مەزگىل پادىشاھسىز ۋە يېتەكچىسىز بولۇپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ قۇربانلىقىمۇ، بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلىرىمۇ، روھانىيلارنىڭ پەرتۇقىمۇ ۋە ئۆيلىرىدىكى بۇتلىرىمۇ يوق بولىدۇ.5شۇنىڭدىن كېيىن ئىسرائىلىيە خەلقى نىيىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزلىرىنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانى ئىزدەيدۇ ۋە ئۆزلىرىنىڭ پادىشاھى بولغان داۋۇتنىڭ ئەۋلادىغا يۈزلىنىدۇ. كېيىنكى ۋاقىتلاردا، ئۇلار ئىخلاسمەنلىك بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ يولىغا قايتىپ، شەپقەتكە ئېرىشىدۇ.

 

4

پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلىيە خەلقىنى ئەيىبلىشى

1ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار!

ئۇ سىلەرنى، يەنى بۇ زېمىندا ياشاۋاتقانلارنى ئەيىبلەيدۇ.

بۇ زېمىندا ياشاۋاتقان كىشىلەر ساداقەتسىز ۋە مېھىر-مۇھەببەتسىزدۇر،

ئۇلار خۇدانى تونۇمايدۇ.

2سىلەر باشقىلارنى قارغايسىلەر، يالغان سۆزلەيسىلەر،

قاتىللىق، ئوغرىلىق ۋە زىنا قىلىسىلەر.

قان ئۈستىگە قان تۆكىسىلەر، گۇناھلىرىڭلارنىڭ چېكى يوقتۇر.

3شۇڭا بۇ زېمىن ھازا تۇتماقتا.

بۇ زېمىندا ياشايدىغان بارلىق خەلق ئاجىزلىشىدۇ.

دالادىكى ياۋايى ھايۋانلار، ئاسماندىكى قۇشلار،

ھەتتا دېڭىزدىكى بېلىقلارمۇ يوقايدۇ.

4پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ھېچكىم خەلقنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلمىسۇن،

ھېچكىم خەلقنى ئەيىبلىمىسۇن.

ئەي روھانىيلار، مېنىڭ ئەيىبلەيدىغىنىم سىلەردۇرسىلەر.

5سىلەر مەيلى كۈندۈز ياكى كېچىدە بولسۇن پۇتلىشىسىلەر،

ساختا پەيغەمبەرمۇ سىلەر بىلەن بىرگە پۇتلىشىدۇ.

مەن سىلەرنىڭ ئاناڭلار بولغان ئىسرائىلىيەنى ۋەيران قىلىمەن.

6خەلقىم مېنى تونۇمىغانلىقى ئۈچۈن ۋەيران بولىدۇ.

ئەي روھانىيلار، سىلەر مېنى تونۇشنى رەت قىلدىڭلار.

مەنمۇ سىلەرنىڭ مېنىڭ روھانىيلىرىم بولۇشۇڭلارنى رەت قىلىمەن.

سىلەر مېنىڭ قانۇنلىرىمنى ئۇنتۇدۇڭلار،

مەنمۇ سىلەرنىڭ ئەۋلادىڭلارنى ئۇنتۇيمەن.

7سىلەر كۆپەيگەنچە، ئۆتكۈزىدىغان گۇناھىڭلارمۇ كۆپەيمەكتە،

شەرىپىڭلارنى نومۇسقا ئالماشتۇردۇڭلار.

8سىلەر روھانىيلار خەلقىمنىڭ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى بىلەن ئۆزۈڭلارنى سەمرىتتىڭلار.

شۇڭا خەلقنىڭ گۇناھ قىلىشىغا تەشنا بولدۇڭلار.

9كەلگۈسىدە خەلقىم قانداق بولسا،

سىلەر روھانىيلارمۇ شۇنداق بولىسىلەر.

مەن ھەممىڭلارنى تۇتقان يوللىرىڭلار،

قىلغان قىلمىشىڭلارغا يارىشا جازالايمەن.

10سىلەر يېسەڭلارمۇ تويمايسىلەر،

بۇتخانىلاردا زىنا قىلساڭلارمۇ، سانىڭلار كۆپەيمەيدۇ.

چۈنكى سىلەر بۇتلارغا چوقۇنۇپ، مەن پەرۋەردىگاردىن ۋاز كەچتىڭلار.

11شارابخورلۇق خەلقىمنى ئەقىل-ئىدراكتىن مەھرۇم قىلىدۇ.12خەلقىم ياغاچ بۇتلاردىن مەسلىھەت،

ياغاچ بۇيۇملاردىن تەلىم سورايدۇ.

خەلقىمنىڭ بۇتقا چوقۇنۇپ شەھۋانىيلىق قىلىشى ئۇلارنى ئازدۇردى.

ئۇلار ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلدى.

13ئۇلار تاغلاردا بۇتلارغا قۇربانلىق سۇنىدۇ،

تۆپىلىكلەردە كۈجە كۆيدۈرىدۇ.

ئادەمگە ھۇزۇر بېرىدىغان دەرەخلەرنىڭ سايىسىدا،

يەنى دۇپ، تېرەك ۋە پىستە دەرەخلىرىنىڭ ئاستىدا شۇنداق قىلىشىدۇ.

شۇڭا ئۇلارنىڭ قىزلىرىمۇ ئۇ يەردە پاھىشىلىك قىلىدۇ،

كېلىنلىرىمۇ زىنا قىلىدۇ.

14لېكىن مەن پاھىشە قىزلىرىنى جازالىمايمەن،

زىناخور كېلىنلىرىنى ئەدەپلىمەيمەن.

چۈنكى ئەرلەرمۇ پاھىشىلەر بىلەن بىرگە بولىدۇ،

بۇتخانىدىكى پاھىشىلەر بىلەن بىرلىكتە قۇربانلىق سۇنىدۇ،

نادان خەلق ھامىنى ھالاك بولىدۇ.

15ئەي ئىسرائىلىيەلىكلەر، سىلەر ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلدىڭلار،

لېكىن يەھۇدىيەلىكلەر ئۇنداق گۇناھنى سادىر قىلمىسۇن.

گىلگالغا ھېچكىم تاۋاپ قىلغىلى بارمىسۇن،

بەيتئاۋەنگىمۇ ئاياغ باسمىسۇن،

مەن پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەنمۇ قەسەم قىلمىسۇن.

16ئىسرائىلىيەلىكلەر جاھىلدۇر،

ئۇلار ئىنەكتەك جاھىل تۇرسا،

مەن قانداقمۇ ئۇلارنى قوزىلارنى يايلاقلاردا باققاندەك باقالايمەن؟

17ئىسرائىلىيەلىكلەر بۇتقا مەستانە بولۇپ كەتتى،

ئۇلار ئۆز يولىدا مېڭىۋەرسۇن.

18ئۇلار ئەيش-ئىشرەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن،

بۇزۇقچىلىق قىلىدۇ.

ئۇلارنىڭ يېتەكچىلىرى نومۇسسىزلىققا ھەۋەس قىلىدۇ.

19بوران ئۇلارنى سۈپۈرۈپ كېتىدۇ،

ئۇلار بۇتلارغا قىلغان قۇربانلىقلىرى سەۋەبىدىن نومۇسقا قالىدۇ.»

 

5

ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە خەلقىنىڭ گۇناھلىرى

1پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئەي روھانىيلار، ئاڭلاڭلار!

ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار!

ئەي پادىشاھ جەمەتى، دىققەت قىلىڭلار!

سىلەرگە قارشى ھۆكۈم چۈشۈۋاتىدۇ.

چۈنكى بۇتپەرەسلىكىڭلار خەلققە مىزپاھتا قىلتاق،

تابور تېغىدا تور بولدى.

2ئاسىيلار قىرغىنچىلىققا تېخىمۇ بېرىلىپ كەتتى.

لېكىن مەن ھەممىڭلارنى جازالايمەن.

3مەن ئىسرائىلىيەنى ياخشى بىلىمەن،

ئۇلار ئۆزلىرىنى مەندىن يوشۇرالمايدۇ.

ئۇلار ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، ئۆزلىرىنى بۇلغىدى.

4ئۇلارنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى ئۆزلىرىنىڭ مېنىڭ يولۇمغا قايتىشىغا توسالغۇ بولماقتا.

ئۇلارنىڭ قەلبىنى ساداقەتسىزلىك ئىگىلىگەندۇر.

ئۇلار مەن پەرۋەردىگارنى تونۇمايدۇ.

5ئىسرائىلىيەنىڭ ھاكاۋۇرلۇقى ئۆزىگە قارشى گۇۋاھ بولىدۇ،

يەنى ئەفرايىم گۇناھلىرىغا پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ،

يەھۇدىيەمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە يىقىلىدۇ.

6ئۇلار كالا، قوي ۋە ئۆچكىلىرى بىلەن كېلىپ،

مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق سۇنماقچى بولۇشىدۇ،

لېكىن ئۇلار مېنى تاپالمايدۇ.

چۈنكى مەن ئۇلارنى تەرك ئەتتىم.

7ئۇلار مەن پەرۋەردىگارغا ساداقەتسىزلىك قىلىپ،

ھارامدىن بالا تاپتى.

ئۇلارنىڭ يېڭى ئاي بايراملىرى ئۆزلىرىنى ئېتىزلىرى بىلەن بىرگە ۋەيران قىلىدۇ.

8گىبئاھ شەھىرىدە بۇرغا، راماھ شەھىرىدە كاناي چېلىڭلار،

بەيتئاۋەندا ئۇرۇشتىن ئاگاھلاندۇرۇڭلار.

ئەي بىنيامىنلار، ھەممىدىن بۇرۇن جەڭگە ئاتلىنىڭلار!

9ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، سىلەر جازا كۈنى خاراب بولىسىلەر!

مەن ئىسرائىلىيە قەبىلىلىرىگە كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارنى جاكارلايمەن!

10يەھۇدىيەنىڭ يېتەكچىلىرى خۇددى پاسىل تاشلىرىنى يۆتكىۋېتىدىغان ئادەملەرگە ئوخشايدۇ،

شۇڭا غەزىپىم خۇددى كەلكۈندەك ئۇلارنىڭ ئۈستىگە باستۇرۇپ كېلىدۇ.

11ئىسرائىلىيە بۇتپەرەسلىك يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرغانلىقى ئۈچۈن،

ھۆكۈمۈمگە مەھكۇم بولۇپ، زۇلۇمغا قالىدۇ.

12مەن ئىسرائىلىيەنى كۈيە چۈشكەن كىيىمگە،

يەھۇدىيەنى پور ياغاچقا ئايلاندۇرۇۋېتىمەن.

13ئىسرائىلىيە ئۆزىنىڭ كېسىلىنى،

يەھۇدىيە ئۆزىنىڭ جاراھىتىنى كۆرگەندە،

ئىسرائىلىيە بېرىپ، كۈچلۈك ئاسسۇر پادىشاھىدىن ياردەم سورايدۇ.

لېكىن ئاسسۇر پادىشاھى ئۇلارنىڭ كېسىلىنى داۋالىيالمايدۇ،

جاراھەتلىرىنىمۇ ساقايتالمايدۇ.

14مەن ئىسرائىلىيەگە قارشى شىردەك،

يەھۇدىيەگە قارشى يىرتقۇچ شىردەك بولىمەن.

ئۇلارنى پارچە-پارچە قىلىۋېتىمەن.

مەن ئۇلارنى سۆرەپ ئېلىپ كەتكەندە، ھېچكىم ئۇلارنى قۇتقۇزالمايدۇ.

15ئۇلار گۇناھىنى تونۇپ، مېنى ئىزدىمىگۈچە، ئۇلاردىن ئايرىلىپ تۇرىمەن.

ئۇلار ئازاب تارتقان كۈنلىرىدە مېنى چىن قەلبىدىن ئىزدەيدۇ».

 

6

توۋا قىلىشقا چاقىرىش

1كېلىڭلار، بىز پەرۋەردىگارنىڭ يولىغا قايتايلى!

ئۇ بىزنى يارىلاندۇردى، لېكىن ئۇ يەنە ئۆزى بىزنى ساقايتىدۇ.

ئۇ بىزگە زەربە بەردى، لېكىن ئۇ يارىلىرىمىزنى ئۆزى تاڭىدۇ.

2ئىككى كۈن ئۆتۈپلا ئۇ بىزنى قايتا ھاياتلىققا ئېرىشتۈرىدۇ،

ئۈچىنچى كۈنى كەلگەندە، ئۇ بىزنى ئورنىمىزدىن دەس تۇرغۇزىدۇ.

شۇنداق قىلىپ، بىز ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا ياشايمىز.

3بىز پەرۋەردىگارنى تونۇيلى،

ئۇنى بىلىشكە ئىنتىلەيلى!

تاڭ ئېتىش مۇقەررەر بولغاندەك، ئۇ بىزگە مۇقەررەر ئايان بولىدۇ.

زېمىنغا كۈز ۋە باھار يامغۇرلىرى چوقۇم ياغقاندەك، ئۇ چوقۇم كېلىدۇ.

4پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، سىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلاي؟

ئەي يەھۇدىيە خەلقى، سىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلاي؟

سىلەرنىڭ مۇھەببىتىڭلار سەھەردىكى سۇس تۇمانغا ئوخشايدۇ،

خۇددى شەبنەمدەك غايىب بولىدۇ.

5شۇڭا مەن پەيغەمبەر ئارقىلىق سىلەرنى قاتتىق تەنقىد قىلدىم،

سۆزلىرىم بىلەن سىلەرنى ئۆلتۈردۈم.

تاڭنىڭ ئېتىشى مۇقەررەر بولغىنىدەك مېنىڭ ھۆكۈملىرىم چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ.

6قۇربانلىقنى ئەمەس، مەن رەھىمدىللىكنى ئىستەيمەن،

مەنكى خۇدانى تونۇش كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىشتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.

7لېكىن ئۇلار ئادامدا ئەھدىنى بۇزدى.

شۇ يەردە ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلدى.

8گىلئاد رەزىللىككە تولغان، قانغا مىلەنگەن شەھەردۇر.9روھانىيلار خۇددى قاراقچىلاردەك كۈتۈپ تۇرىدۇ.

شەكەمگە ماڭغانلارنى ئۆلتۈرۈپ، جىنايەت سادىر قىلىدۇ.

10مەن ئىسرائىلىيەدە يىرگىنچلىك ئىشلارنى كۆردۈم،

ئىسرائىلىيە ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، ئۆزىنى بۇلغىدى.

11ئەي يەھۇدىيە، سىلەر ئۈچۈنمۇ مەن بىر جازا كۈنىنى بېكىتتىم.»

ئىسرائىلىيەنىڭ گۇناھلىرى

پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«مەن ھەر قېتىم ئىسرائىلىيە خەلقىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى،

 

7

1ئىسرائىلىيەلىكلەرنى داۋالىماقچى بولغىنىمدا،

ئەفرايىمنىڭ گۇناھلىرى، سامارىيەنىڭ رەزىللىكلىرى ئاشكارىلىنىپ قالدى.

ئۇلار ئالدامچىلىق قىلىدۇ.

ئۆيلەرگە ئوغرىلىققا كىرىدۇ، كوچىلاردا قاراقچىلىق قىلىدۇ.

2لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پۈتۈن رەزىللىكلىرىنى ئېسىمدە تۇتىدىغانلىقىمنى ئويلىمايدۇ.

ئۇلارنىڭ رەزىللىكلىرى ئۆزلىرىنى قورشاۋغا ئالىدۇ.

ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى دائىم ئالدىمدا ئاشكارىدۇر.

3ئۇلار رەزىللىكلىرى بىلەن پادىشاھنى،

يالغانچىلىقلىرى بىلەن ئەمەلدارلارنى خۇش قىلىدۇ.

4ئۇلارنىڭ ھەممىسى زىناخور بولۇپ،

ئۇلار خۇددى تونۇردىكى يالقۇنجاپ تۇرغان ئوتقا ئوخشايدۇ.

خېمىر يۇغۇرۇلۇپ، ئېچىپ تەييار بولغۇچە،

ناۋاينىڭ تونۇرغا يەنە ئوت سېلىشى كېرەك بولمايدۇ.

5پادىشاھ زىياپەت بەرسە،

ئەمەلدارلىرى قاتتىق مەست بولۇشۇپ،

رەزىللەر بىلەن تىل بىرىكتۈرىدۇ.

6ئۇلارنىڭ قەلبى تونۇرغا ئوخشار، ئۇنىڭدا سۇيىقەست كۆيەر.

ئۇلارنىڭ غەزىپى خۇددى ئوتتەك تونۇردا كېچىچە كۆيەر.

تاڭ ئېتىشى بىلەن پارتلاپ چىقار.

7ئۇلارنىڭ غەزىپى خۇددى تونۇردىكى ئوتقا ئوخشاش

پادىشاھلىرىنى يۇتۇپ كېتەر.

شۇنچە كۆپ پادىشاھلىرى قەستلەپ ئۆلتۈرۈلسىمۇ،

ھېچكىم مەندىن ياردەم سورىمىدى.

8ئىسرائىلىيەلىكلەر يات خەلقلەر بىلەن ئارىلىشىپ ياشاپ،

خۇددى بىر يۈزى پىشمىغان نانغا ئوخشاپ قالدى.

9يات خەلقلەر ئۇلارنىڭ كۈچىنى قۇرۇتتى،

لېكىن ئۇلار بۇنىڭدىن خەۋەرسىز.

چاچلىرى ئاقارسىمۇ، يەنىلا بۇنى ھېس قىلمايدۇ.

10ئىسرائىلىيە خەلقىنىڭ ھاكاۋۇرلۇقى ئۆزلىرىگە قارشى گۇۋاھ بولىدۇ.

لېكىن ئۇلار يەنىلا ئۆزلىرىنى تاللىغان مەن پەرۋەردىگار خۇدانىڭ يولىغا قايتمايدۇ

ھەم مەن خۇدانى ئىزدىمەيدۇ.

11ئىسرائىلىيە خەلقى خۇددى پاختەكتەك ئەقىلسىز ۋە دۆتتۇر.

ئۇلار بىر دەم مىسىردىن ياردەم سورىسا،

بىر دەم ئاسسۇرلارغا ئۇچىدۇ.

12ئۇلار ئۇچقاندا، مەن ئۇلارغا تور يايىمەن.

خۇددى ئاسماندىكى قۇشلارنى تۇتقاندەك، ئۇلارنى تۇتىمەن.

ئۇلارنىڭ توپلاشقانلىقىنى ئاڭلىسام، ئۇلارنى جازالايمەن.

13ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى ئۇلار مەندىن ۋاز كەچتى.

ئۇلار ھالاك بولىدۇ، چۈنكى ئۇلار مەندىن يۈز ئۆرۈدى!

مەن ئۇلارنى قۇتقۇزۇشنى خالايمەن،

لېكىن ئۇلار مەن ھەققىدە يالغان گەپ قىلىشىدۇ.

14ئۇلار چىن دىلىدىن ماڭا ئىلتىجا قىلىشمايدۇ،

پەقەت تۆشەكلىرىدە يېتىشىپ يىغا-زار قىلىشىدۇ.

ئۇلار مەندىن ۋاز كېچىپ،

ساختا ئىلاھلىرىدىن ئاشلىق، شاراب تىلەپ، بەدەنلىرىنى تىلىشىدۇ.

15مەن ئۇلارنى تەربىيەلەپ، بىلەكلىرىنى كۈچلۈك قىلدىم،

لېكىن ئۇلار ماڭا قارشى يامانلىق ئويلايدۇ.

16ئۇلار ماڭا، يەنى مەن ئۇلۇغ خۇدانىڭ يولىغا قايتىشنى خالىمايدۇ.

ئۇلار خۇددى كېرەكسىز يادەكتۇر.

ئۇلارنىڭ يېتەكچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئېيتقان ئەسەبىي سۆزلىرى سەۋەبىدىن قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدۇ

ۋە مىسىرلىقلارنىڭ مەسخىرىسىگە قالىدۇ.»

 

8

ئىسرائىلىيەنىڭ ئەھدىنى بۇزۇشى

1پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«بۇرغا چالغىن!

دۈشمەن مېنىڭ خەلقىمگە خۇددى بۈركۈتتەك ھۇجۇم قىلىدۇ.

چۈنكى بۇ خەلق مېنىڭ ئەھدەمنى بۇزۇپ،

قانۇنلىرىمغا خىلاپلىق قىلدى.

2ئىسرائىلىيەلىكلەر مەندىن:

‹ئى خۇدايىم، بىز سېنى تونۇدۇق› دەپ نىدا قىلىدۇ.

3لېكىن ئۇلار نېمە ياخشى بولسا، شۇنى رەت قىلىدۇ.

شۇڭا دۈشمەنلەر ئۇلارنى قوغلايدۇ.

4ئۇلار مەندىن سورىماستىن پادىشاھلارنى تىكلىدى،

ماقۇللۇقۇمنى ئالماستىن ئەمەلدارلارنى تەيىنلىدى.

ئۇلار ئالتۇن، كۈمۈشتىن بۇت ياساپ، ئۆزلىرىنى ھالاك قىلىدىغان بولدى.

5سامارىيەلىكلەرنىڭ بۇ موزاي بۇتىنى رەت قىلىمەن،

ئۇلارغا غەزىپىم ئوت بولۇپ يانىدۇ.

ئۇلار يەنە قاچانغىچە ناپاك ياشايدۇ؟

6بۇ موزاي بۇتنى ئىسرائىلىيەلىك ئۇستىلار ياسىغان،

ئۇ ئىلاھ ئەمەستۇر.

سامارىيەدە چوقۇنۇلغان بۇ بۇت پارە-پارە قىلىۋېتىلىدۇ.

7ئىسرائىلىيەلىكلەر شامال تېرىپ، بوراندىن ھوسۇل ئالىدۇ.

ئۇلارنىڭ زىرائەتلىرى دان تۇتمايدۇ، ئۇنىڭدىن ئۇن چىقمايدۇ.

ھوسۇل ئالغان تەقدىردىمۇ، ھوسۇلىنى يات خەلقلەر يەيدۇ.

8ئىسرائىلىيە يۇتۇۋېلىندى،

ئۇ باشقا ئەللەر ئارىسىدا كېرەكسىز قاچا-قۇچىغا ئوخشاپ قالدى.

9ئۇلار خۇددى سەرگەردان ياۋايى ئېشەكتەك،

ئاسسۇرغا بېرىپ، ئۇلاردىن ياردەم تىلىدى.

ئىسرائىلىيە خەلقى ئۆزلىرىنى ئاشنىلىرىغا ساتتى.

10گەرچە ئىسرائىلىيە ئۆزلىرىنى باشقا ئەللەرگە ساتقان بولسىمۇ،

مەن ئەمدى ئۇلارنى يىغىپ، بىراقلا جازالايمەن.

ئۇلار كۈچلۈك پادىشاھنىڭ زۇلۇمىدا ئازابلىنىدۇ.

11ئىسرائىلىيە خەلقى گۇناھلىرىنى يۇيۇش ئۈچۈن نۇرغۇن قۇربانلىق سۇپىلىرىنى ياسىدى،

لېكىن بۇ قۇربانلىق سۇپىلىرى ئۇلارنىڭ گۇناھ قىلىش ماكانى بولۇپ قالدى.

12مەن ئۇلارغا شۇنچە كۆپ قانۇنلارنى بەلگىلىدىم،

لېكىن ئۇلار بۇ قانۇنلارنى غەلىتە ھېس قىلىپ، رەت قىلدى.

13ئۇلار ماڭا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىپ، گۆشلىرىنى ئۆزلىرى يېيىشتى.

لېكىن مەن پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ بۇ قۇربانلىقلىرىنى قوبۇل قىلمايمەن.

مەن ئۇلارنىڭ رەزىللىكلىرىنى ئېسىمدە تۇتۇپ، ئۇلارنى جازالايمەن.

مەن چوقۇم ئۇلارنى مىسىرغا قايتۇرۇۋېتىمەن.

14ئىسرائىلىيە خەلقى ئۆزلىرىنى ئاپىرىدە قىلغان ئىگىسىنى ئۇنتۇپ قالدى،

كۆپلەپ سارايلارنى قۇردى.

يەھۇدىيە خەلقىمۇ نۇرغۇن شەھەرلىرىنى مۇستەھكەملىدى.

لېكىن مەن ئۇلارنىڭ شەھەر ۋە قورغانلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايمەن.»

 

9

ئىسرائىلىيەنىڭ جازا كۈنىنىڭ كېلىشى

1ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، خۇشال بولماڭلار،

يات ئەللەردەك خۇشال بولۇپ كەتمەڭلار!

سىلەر ئېرىگە ساداقەتسىزلىك قىلغان پاھىشىگە ئوخشاش

خۇدايىڭلارغا ساداقەتسىزلىك قىلدىڭلار.

ئالغان ھوسۇلۇڭلارنى بائال ئاتا قىلدى دەپ بىلدىڭلار.

2لېكىن سىلەر ئاشلىقىڭلارنى ئۆزۈڭلار يېيەلمەيسىلەر ۋە شەربىتىڭلارنى ئۆزۈڭلار ئىچەلمەيسىلەر،

شارابىڭلارمۇ بولمايدۇ.

3ئەمدى سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ زېمىنىدا قالالمايسىلەر.

سىلەر مىسىرغا قايتىسىلەر

ھەم ئاسسۇردا ھارام يېمەكلىكلەرنى يەيسىلەر.

4سىلەر ئەمدى پەرۋەردىگارغا ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى سۇنالمايسىلەر.

سۇنغان قۇربانلىقلىرىڭلاردىنمۇ پەرۋەردىگار خۇرسەن بولمايدۇ.

قۇربانلىقلىرىڭلارنى كىم يېسە، شۇ مۇسىبەت بولغان ئائىلىنىڭ تامىقىنى يېگەنگە ئوخشاش ناپاك بولىدۇ.

سىلەرنىڭ قۇربانلىقىڭلار بىلەن پەقەت ئاچلىقنى بېسىشقىلا بولىدۇ،

لېكىن ئۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئېلىپ كىرىشكە بولمايدۇ.

5ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، پەرۋەردىگار بەلگىلىگەن ھېيت-بايرام كۈنلىرى نېمىمۇ قىلارسىلەر؟6سىلەر ئاپەتتىن قېچىپ قۇتۇلساڭلارمۇ،

مىسىر بەرىبىر سىلەرنى بىر يەرگە توپلايدۇ،

نوپ شەھىرى سىلەرنى يەرگە كۆمىدۇ.

كۈمۈشلىرىڭلار ئازغاننىڭ ئارىسىدا قالىدۇ،

چېدىرىڭلارنى تىكەنلەر بېسىپ كېتىدۇ.

7جازا كۈنى كېلىشكە ئاز قالدى،

جازالىنىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلدى!

ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، بۇنى بىلىڭلار.

سىلەرنىڭ گۇناھىڭلار ئېغىر،

قەلبىڭلار ئۆچمەنلىككە تولغاندۇر.

سىلەر: «پەيغەمبەرلەر ھاماقەت،

پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كەلگەن ئادەملەر ساراڭ» دەيسىلەر.

8پەيغەمبەرلەر خۇدانىڭ ئىسرائىلىيە خەلقى ئۈچۈن ئەۋەتكەن كۆزەتچىلىرىدۇر.

لېكىن ئۇلار قەيەرگە بارسا، شۇ يەردە ئۇلارنىڭ يولىغا تۇزاق قۇرۇلدى.

ئۇلار خۇدانىڭ خەلقىنىڭ ئارىسىدا ئۆچمەنلىككە دۇچار بولدى.

9ئىسرائىلىيە خەلقىنىڭ گىبئاھتىكى بۇرۇنقى چاغلىرىغا ئوخشاش گۇناھى چېكىدىن ئاشتى.

خۇدا ئۇلارنىڭ رەزىللىكلىرىنى ئېسىدە ساقلاپ،

ئۇلارنى گۇناھلىرى ئۈچۈن جازالايدۇ.

10پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«مەن دەسلەپ ئىسرائىللارنى تاپقاندا،

خۇددى چۆللۈكتە ئۈزۈم تاپقاندەك بولغانىدىم،

ئەجدادلىرىڭلارنى بىرىنچى قېتىم كۆرگەندە،

خۇددى ئەنجۈر دەرىخىدىكى تۇنجى پىشقان ئەنجۈرلەرنى كۆرگەندەك بولغانىدىم.

لېكىن ئۇلار بائال-پىئورغا كەلگەندە،

ئۆزلىرىنى ئادەمنى نومۇس قىلدۇرىدىغان بۇتقا بېغىشلاشقا باشلىدى.

شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرى ياخشى كۆرگەن ئاشۇ بۇتقا ئوخشاش يىرگىنچلىك بولۇپ قالدى.

11ئەمدى ئىسرائىلىيەنىڭ شەرىپى خۇددى قۇشتەك ئۇچۇپ كېتىدۇ،

ئۇلارنىڭ ئاياللىرى بالا تۇغالمايدۇ، قورساق كۆتۈرەلمەيدۇ، ھەتتا ھامىلىدارمۇ بولالمايدۇ.

12گەرچە ئۇلار بالا چوڭ قىلسىمۇ،

لېكىن مەن ئۇلارنىڭ جېنىنى ئالىمەن، بىرسىنىمۇ تىرىك قالدۇرمايمەن.

مەن ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي!

13مەن ئىسرائىلىيەنى كۆرگەندە،

ئۇ تىر شەھىرىگە ئوخشاش، ناھايىتى گۈزەل جاي ئىدى.

لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ بالىلىرىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىدۇ.»

14ئى پەرۋەردىگار، ئۇلارغا بەرگىن،

قانداق جازانى خالىساڭ، شۇنى بەرگىن.

ئۇلارنىڭ بويىدىن ئاجراپ كەتسۇن، ئەمچەكلىرى قۇرۇپ كەتسۇن.

15پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئۇلارنىڭ گىلگالدا قىلغان رەزىللىكلىرى ئۈچۈن

مەن ئۇلارغا شۇ يەردە نەپرەتلىنىشكە باشلىدىم.

ئۇلارنىڭ قىلغان يامانلىقلىرى تۈپەيلىدىن،

ئۇلارنى زېمىنىمدىن قوغلاپ چىقىرىمەن.

ئۇلارنى ئەمدى ياخشى كۆرمەيمەن.

ئۇلارنىڭ بارلىق يېتەكچىلىرى ئاسىيلاردۇر.

16ئىسرائىلىيەلىكلەر زەربىگە ئۇچرايدۇ،

ئۇلارنىڭ يىلتىزلىرى قۇرۇپ كېتىدۇ،

ئەمدى مېۋە بەرمەيدۇ.

گەرچە پەرزەنت يۈزى كۆرگەن تەقدىردىمۇ،

مەن ئۇلارنىڭ سۆيۈملۈك بالىلىرىنى ئۆلتۈرىمەن.»

17خۇدايىم ئۇلارنى چوقۇم رەت قىلىدۇ،

چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلمىدى.

ئۇلار چوقۇم يات ئەللەردە سەرگەردان بولىدۇ.

 

10

1ئىسرائىلىيە بۈك-باراقسان ئۈزۈمزارلىق ئىدى.

ئۈزۈملىرى شۇنداق ئوخشايتتى.

لېكىن ئۈزۈملىرى قانچە ئوخشىغانسېرى،

ئىسرائىلىيەلىكلەر بۇتلىرى ئۈچۈن قۇربانلىق سۇپىلىرىنى كۆپلەپ ياسىدى.

يېرىدىن چىققان مەھسۇلاتلىرى قانچە مول بولغانسېرى،

ئۇلار بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلەرنى شۇنچە بېزىدى.

2ئۇلارنىڭ كۆڭلى ھىيلىگە تولغاندۇر، ئەمدى ئۇلار جازالىنىشى كېرەك.

پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ بۇتلىرى ئۈچۈن ياسىغان قۇربانلىق سۇپىلىرىنى ۋەيران قىلىدۇ،

بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلىرىنىمۇ چېقىپ تاشلايدۇ.

3ئۇ چاغدا ئۇلار:

«بىز پەرۋەردىگارغا ھۆرمەت قىلمىغانلىقىمىز ئۈچۈن، بىزنىڭ پادىشاھىمىز يوق.

پادىشاھىمىز بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇ بىزگە نېمە قىلىپ بېرەتتى؟» دەيدۇ.

4ھەقىقەتەن پادىشاھلار يالغان گەپ قىلىدۇ، يالغان قەسەم قىلىدۇ، يالغاندىن ئىتتىپاق تۈزىدۇ.

شۇڭا ئېتىزلاردا زەھەرلىك چۆپلەر كۆپىيىپ كەتكەندەك، دەۋالارمۇ كۆپىيىپ كەتتى.

5سامارىيەلىكلەر بەيتئاۋەندىكى موزاي بۇتتىن ئەنسىرەيدۇ،

موزاي بۇتقا چوقۇنغانلار ئۇنىڭ ئۈچۈن ماتەم تۇتىدۇ.

بۇتپەرەس روھانىيلارمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن يىغلايدۇ.

موزاي بۇتنىڭ شان-شەرىپىدىن خۇرسەن بولغانلار ھازا تۇتىدۇ،

چۈنكى ئۇ ئۇلاردىن ئايرىلىدۇ.

6ئۇ ئاسسۇرغا ئېلىپ بېرىلىپ،

قۇدرەتلىك ئاسسۇر پادىشاھىغا سوۋغا قىلىنىدۇ.

ئەفرايىم شەرمەندە بولىدۇ،

ئىسرائىلىيە ئۈمىدىنى بۇتقا باغلىغانلىقى ئۈچۈن، نومۇستا قالىدۇ.

7سامارىيەنىڭ پادىشاھى ھالاك بولىدۇ،

ئۇ خۇددى سۇ ئۈستىدە لەيلەپ يۈرگەن قۇرغاق شاختەك غايىب بولىدۇ.

8ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ گۇناھ سادىر قىلغان سەجدىگاھلىرى ۋەيران قىلىنىدۇ.

ئۇلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى تىكەن ۋە ئازغان بېسىپ كېتىدۇ.

ئىسرائىلىيەلىكلەر تاغلارغا: «بىزنى بېسىڭلار!»،

ئېدىرلارغا: «ئۈستىمىزگە غۇلاڭلار» دەپ ئۆتۈنىدۇ.

9پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئەي ئىسرائىلىيەلىكلەر، گىبئاھتا بولغان ۋاقىتتىن بۇيان

گۇناھ قىلىپ كەلدىڭلار، پەقەت ئۆزگەرمىدىڭلار.

ئەجەبا ئۇرۇش بالاسى قايتىدىن گىبئاھقا كەلمەسمۇ؟!

10مەن خالىغان ۋاقتىمدا سىلەرنى جازالايمەن.

ئەللەر بىرلىشىپ، سىلەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ.

قوش گۇناھلىرىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى جازالايدۇ.

11ئەفرايىم ئۆگىتىلگەن ئىنەكتۇر، خامان تېپىشنى ياخشى كۆرىدۇ.

مانا ئەمدى ئۇنىڭ گۈزەل بوينىغا بويۇنتۇرۇق سالىمەن.

يەھۇدىيەنى سوقىغا قېتىپ، ياقۇپنى سۆرەمگە سالىمەن.

12سىلەر ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ھەققانىيلىق ئۇرۇقىنى تېرىڭلار،

ئۇنىڭدىن مېھىر-مۇھەببەت ھوسۇلى ئېلىڭلار.

قەلب ئېتىزىڭلارنى يۇمشىتىڭلار.

ھازىر مەن پەرۋەردىگارىڭلارنى ئىزدەشنىڭ ۋاقتى كەلدى.

ئۇ كېلىپ، ئۈستۈڭلارغا ھەققانىيلىقنىڭ يامغۇرىنى ياغدۇرىدۇ.

13لېكىن سىلەر رەزىللىك تېرىپ،

ئادالەتسىزلىكتىن ھوسۇل ئالدىڭلار،

يالغانچىلىقنىڭ مېۋىسىنى يېدىڭلار.

سىلەر ئۆزۈڭلار ئىشەنگەن يولۇڭلاردا ماڭدىڭلار

ۋە لەشكەرلىرىڭلارنىڭ كۆپلۈكىگە ئىشەندىڭلار.

14شۇڭا ئۇرۇش چۇقانلىرى سىلەردىن ئاڭلىنىدۇ،

بارلىق قەلئەلىرىڭلار ۋەيران بولىدۇ.

خۇددى پادىشاھ شالمان بەيت-ئاربەلنى ئۇرۇشتا ۋەيران قىلغاندەك ۋەيران بولىدۇ.

ئۇ چاغدا ئانىلار بوۋاقلىرى بىلەن بىرگە يەرگە ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلىدۇ.

15ئەي بەيتەللىكلەر، سىلەرمۇ ئوخشاش تەقدىرگە دۇچار بولىسىلەر،

چۈنكى رەزىللىكىڭلار چېكىدىن ئاشتى.

شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇ، ئۇ كۈن تاڭ ئاتقاندا،

ئىسرائىلىيە پادىشاھى پۈتۈنلەي ۋەيران بولىدۇ.»

 

11

پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلىيەنى كەچۈرۈشى

1پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئىسرائىل خەلقىنى بالا ۋاقتىدا سۆيدۈم.

ئوغلۇمنى مىسىردىن مەن چاقىردىم.

2مەن خەلقىمنى قانچە چاقىرغانچە، ئۇلار مەندىن شۇنچە يىراقلاشتى.

بائالغا قۇربانلىق قىلىپ، بۇتلارغا كۈجە كۆيدۈردى.

3ئىسرائىلىيەگە مېڭىشنى ئۆگەتكىنى مەن ئىدىم.

مەن ئۇلارنىڭ قولىنى تۇتۇپ يېتەكلىدىم.

ئۇلار شىپالىق بەرگەنلىكىمنى بىلمىدى.

4مەن ئۇلارنى مېھرىبانلىق ئارغامچىسى

ۋە مۇھەببەت يىپى بىلەن يېتەكلىدىم.

ئۇلارنىڭ بوينىدىكى بويۇنتۇرۇقنى بوشىتىپ،

ئۇلارغا غىزا بېرىش ئۈچۈن ئېگىلدىم.

5ئۇلار مىسىرغا قايتۇرۇلىدۇ،

ئاسسۇر ئۇلارنى باشقۇرىدۇ.

چۈنكى ئۇلار مېنىڭ يولۇمغا قايتىشنى رەت قىلدى.

6قىلىچ ئۇلارنىڭ شەھىرىگە باستۇرۇپ كېلىدۇ

ۋە شەھەر دەرۋازىلىرىنى ۋەيران قىلىدۇ.

ئۇلار يامان نىيەتلىرى سەۋەبىدىن بەربات بولىدۇ.

7خەلقىم دائىم مەندىن يۈز ئۆرۈيدۇ.

گەرچە ئۇلار مېنى ئۇلۇغ خۇدا دەپ چاقىرسىمۇ،

لېكىن مەن ئۇلارنى يۇقىرىغا كۆتۈرمەيمەن.

8ئەي ئىسرائىلىيە، مەن سەندىن قانداقمۇ ۋاز كېچەي،

سېنى قانداقمۇ تاشلىۋېتەي،

سېنى قانداقمۇ ئادماھ شەھىرىگە ئوخشاش گۇمران قىلاي،

ساڭا قانداقمۇ زىبويىم

*شەھىرىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلاي؟!

كۆڭلۈم بۇنداق قىلىشقا ئۇنۇمايدۇ،

چۈنكى قەلبىم مۇھەببەتكە تولۇپ تاشقاندۇر.

9مەن سېنى قەھر-غەزىپىم بىلەن جازالىمايمەن

ھەم سېنى ۋەيران قىلىشنى قايتا ئويلىمايمەن.

چۈنكى مەن ئىنسان ئەمەس، خۇدادۇرمەن،

ئاراڭلاردىكى مۇقەددەس خۇدادۇرمەن.

مەن غەزەپ بىلەن كەلمەيمەن.

10بىر كۈنى خەلقىم ماڭا ئەگىشىدۇ،

مەن شىردەك ھۆركىرەيمەن.

ھۆركىرىگىنىمدە، پەرزەنتلىرىم غەرب تەرەپتىن تىترىگەن ھالدا كېلىشىدۇ.

11ئۇلار خۇددى مىسىردىن قۇشقاچلاردەك،

ئاسسۇردىن كەپتەرلەردەك تىترىگەن ھالدا قايتىپ كېلىشىدۇ.

مەن ئۇلارنى ماكانلىرىغا قايتۇرۇپ كېلىمەن.

بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»

ئىسرائىلىيە بىلەن يەھۇدىيەنىڭ ئەيىبلىنىشى

12ئىسرائىلىيە خەلقى يالغانچىلىقى ۋە ھىيلىگەرلىكى بىلەن مېنى قورشىۋالدى.

يەھۇدىيە خەلقىمۇ خۇداغا، يەنى ئىشەنچلىك ۋە مۇقەددەس خۇداغا ئىتائەت قىلمايدۇ.


*11: 8پەرۋەردىگار سودوم بىلەن گومورا شەھەرلىرىنى ۋەيران قىلغاندا، ئادماھ ۋە زىبويىم شەھەرلىرىنىمۇ بىرلىكتە ۋەيران قىلغان.


 

12

1ئىسرائىلىيە خەلقى شامالنى ئوزۇق قىلار،

كۈن بويى شەرق شامىلىنى قوغلاپ يۈرەر.

ئۇلارنىڭ يالغانچىلىق ۋە زوراۋانلىقى كۆپەيمەكتە.

ئۇلار ئاسسۇر بىلەن ئىتتىپاق تۈزىدۇ،

مىسىرغا زەيتۇن يېغى ئەۋەتىدۇ.

2پەرۋەردىگار يەھۇدىيەنى ئەيىبلەيدۇ،

ياقۇپنى تۇتقان يولىغا لايىق،

قىلمىشلىرىغا مۇۋاپىق جازالايدۇ.

3ياقۇپ ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىدا ئاكىسىنىڭ تاپىنىنى تۇتۇۋالغانىدى،

كېيىن ئۇ چوڭ بولۇپ، خۇدا بىلەن ئېلىشتى.

4ئۇ پەرىشتە بىلەن ئېلىشىپ، ئۇنى يەڭدى.

كېيىن ئۇ يىغلاپ، پەرىشتىدىن بەخت تىلىدى.

ئۇ بەيتەلدە خۇدا بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇ يەردە خۇدا ھەممىمىز بىلەن پاراڭلاشتى.

5پەرۋەردىگار قۇدرەتلىك سەردار خۇدادۇر،

ئۇنىڭ نامى «ياھۋەھ»تۇر.

6شۇڭا سىلەر خۇدايىڭلارنىڭ يولىغا قايتىڭلار،

مېھىر-مۇھەببەتلىك ۋە ئادالەتلىك بولۇڭلار،

ھەمىشە خۇدادىن ئۈمىد كۈتۈڭلار.

7ئىسرائىلىيە خەلقى سەمىمىيەتسىز سودىگەرگە ئوخشايدۇ،

ئۇلار قولىدىكى ساختا تارازا بىلەن باشقىلارنى ئالداشنى ياخشى كۆرىدۇ.

8ئۇلار ماختىنىپ: «بىز باي بولدۇق، ئۆزىمىزگە تايىنىپ باي بولدۇق،

ھېچكىم بىزدىن خاتالىق ياكى گۇناھ تاپالمايدۇ» دەيدۇ.

9پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«لېكىن مىسىردىكى ۋاقتىڭلاردىن بۇيان،

مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئىدىم.

سىلەر بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا چېدىردا تۇرغىنىڭلاردەك،

مەن سىلەرنى يەنە چېدىردا تۇرغۇزىمەن.

10مەن سىلەرگە پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق

نۇرغۇن غايىبانە ئالامەتلەرنى كۆرسەتتىم ۋە تەمسىللەرنى سۆزلىدىم.»

11گىلئادلىقلار گۇناھقا پاتمىدىمۇ؟ ئۇلار ھەقىقەتەن يارامسىز خەلقتۇر.

ئادەملەر گىلگالدا بۇقىلارنى قۇربانلىق قىلمىدىمۇ؟

لېكىن ئۇلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرى ۋەيران قىلىنىپ،

ئېتىز قىرىدىكى تاش دۆۋىلىرىگە ئوخشاپ قالىدۇ.

12ياقۇپ ئاررام رايونىغا قېچىپ كەتكەنىدى.

ئۇ يەردە ئۇ ئۆيلىنىش ئۈچۈن بىرسىگە خىزمەتكار بولدى،

خوتۇن ئېلىش ئۈچۈن قوي باقتى.

13پەرۋەردىگار پەيغەمبەر ئەۋەتىپ، ئىسرائىللارنى مىسىردىن باشلاپ چىقتى

ھەم شۇ پەيغەمبەر ئارقىلىق ئۇلارنى قوغدىدى.

14لېكىن ئىسرائىلىيە خەلقى پەرۋەردىگارنى قاتتىق رەنجىتتى.

شۇڭا ئۇلارنىڭ ئىگىسى بولغان پەرۋەردىگار ئۇلاردىن قانغا قان ئالىدۇ،

خورلۇقنى خورلۇق بىلەن قايتۇرىدۇ.

 

13

پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلىيەگە بولغان غەزىپى

1ئەفرايىم قەبىلىسىنىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەر ئارىسىدىكى ئورنى ئەڭ يۇقىرىدۇر.

ئۇلار ئېغىز ئاچسىلا، ئادەملەر قورققىنىدىن تىترەپ كېتىشىدۇ.

لېكىن ئۇلار بائالغا چوقۇنۇپ، گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، ئۆزلىرىنى ۋەيران قىلىشتى.

2ھازىر ئۇلار گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ قىلىشماقتا.

ئۇلارنىڭ ئۇستىلىرى ئۆز تەسەۋۋۇرى ۋە ھۈنىرىگە تايىنىپ،

كۈمۈشلىرى بىلەن بۇت ياسايدۇ.

ئاندىن باشقىلار ئۇلار ھەققىدە:

«ئۇلار ئادەملەرنى قۇربانلىق قىلارمىش، موزاي بۇتلارنى سۆيەرمىش» دېيىشىدۇ.

3شۇڭا ئۇلار خۇددى سەھەردىكى تۇمان ۋە ئەتىگەندىكى شەبنەمدەك،

خامان ئۈستىدە ئۇچۇپ يۈرگەن توپاندەك،

تۇرخۇندىن ئۇچۇپ چىققان ئىستەك بىر دەمدىلا غايىب بولىدۇ.

4پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«سىلەر مىسىردىن چىققاندىن بېرى

مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلاردۇرمەن.

مەندىن باشقا خۇداغا ئېتىقاد قىلماڭلار،

مەندىن باشقا قۇتقۇزغۇچىڭلار يوقتۇر.

5مەن قۇرغاق چۆل-جەزىرىدە ھالىڭلاردىن خەۋەر ئالدىم.6مەن سىلەرنى غىزالاندۇردۇم ۋە تويدۇردۇم.

لېكىن قورسىقىڭلار تويغاندىن كېيىن، سىلەر ھاكاۋۇرلىشىپ، مېنى ئۇنتۇدۇڭلار.

7شۇڭا مەن سىلەرگە شىرغا ئوخشاش ھۇجۇم قىلىمەن،

يول بويىدا يىلپىز كەبى پايلاپ تۇرىمەن.

8مەن سىلەرگە خۇددى بالىسىدىن ئايرىلغان ئېيىقتەك ئېتىلىپ،

تېنىڭلارنى پارە-پارە قىلىۋېتىمەن.

شۇنداق، مەن سىلەرنى شىردەك يۇتۇۋېتىمەن،

ياۋايى ھايۋانلاردەك تىتىۋېتىمەن.

9ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، مەن سىلەرنى ۋەيران قىلىمەن.

چۈنكى سىلەر ماڭا، يەنى مەدەتكارىڭلارغا قارشى تۇرۇۋاتىسىلەر.

10پادىشاھىڭلار قېنى؟ ئۇ سىلەرنى ھەممە شەھىرىڭلاردا قۇتقۇزالامدۇ؟

يېتەكچىلىرىڭلار نەدە؟ سىلەر بۇرۇن:

‹بىزگە پادىشاھ ۋە شاھزادىلەر بەرگەيسەن› دەپ يالۋۇردۇڭلار،

11مەن غەزەپلەنسەممۇ، يەنىلا سىلەرگە پادىشاھ بەردىم.

ئەمدى دەرغەزەپ بىلەن پادىشاھىڭلارنى ئەمەلدىن قالدۇرىمەن.

12ئىسرائىلىيەنىڭ گۇناھلىرى خاتىرىلەنگەندۇر،

ئۇلار ساقلىنىدۇ.

13ئۇ تولغىقى تۇتقان ئانىنىڭ ئەقىلسىز ئوغلىدۇر.

تۇغۇت ۋاقتى كەلگەندە، ئۇ ئانىسىنىڭ قارنىدىن چىقىشنى خالىمايدۇ.

14مەن ئۇنى گۆردىن، يەنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزايمۇ؟

ئەي ئۆلۈم، ئېلىپ كەل ۋابايىڭنى!

ئەي ئۆلۈكلەر ماكانى، كۆرسەت ھالاكىتىڭنى!

مەن ئەمدى ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتمايمەن.

15گەرچە ئىسرائىلىيەلىكلەر قېرىنداشلىرى ئارىسىدا گۈللەنسىمۇ،

لېكىن ئۇنىڭ بۇلاقلىرى ۋە قۇدۇقلىرى مەن پەرۋەردىگار شەرقتىن،

يەنى قۇملۇقتىن ئەۋەتكەن ئىسسىق شامالدا قۇرۇپ كېتىدۇ.

ئۇنىڭ خەزىنىسىدىكى ھەممە بايلىقلىرى بۇلاپ كېتىلىدۇ.

16سامارىيە قىلغان گۇناھلىرى ئۈچۈن چوقۇم جازالىنىدۇ،

چۈنكى ئۇ ئۆز خۇداسىغا ئاسىيلىق قىلدى.

ئۇلار قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدۇ،

بالىلىرى يەرگە ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلىدۇ،

ھامىلىدار ئاياللىرىنىڭ قارنى يېرىلىدۇ.»

 

14

خۇدانىڭ يولىغا قايتىشقا چاقىرىش

1ئەي ئىسرائىلىيەلىكلەر، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ يولىغا قايتىڭلار!

گۇناھىڭلار سىلەرنى يىقىتتى.

2توۋا قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ يولىغا قايتىڭلار

ۋە مۇنداق دۇئا قىلىڭلار:

«بارلىق گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگەيسەن،

شاپائەت قىلىپ، بىزنى قوبۇل قىلغايسەن،

مەدھىيەلىرىمىزنى قۇربانلىق ئورنىدا قوبۇل قىلغايسەن!

3ئاسسۇرلار بىزنى قۇتقۇزالمايدۇ،

ئەمدى جەڭ ئاتلىرىغا ئىشەنمەيمىز.

ئۆزىمىزنىڭ قوللىرى بىلەن ياسىغان بۇتلارنى ئەمدى ھەرگىز ئىلاھىمىز دېمەيمىز.

ئى پەرۋەردىگار، يېتىم ئىسرائىلىيە سەندىنلا رەھىم-شەپقەتكە ئېرىشىدۇ.»

4پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«مەن ئۇلارنىڭ ساداقەتسىزلىك كېسىلىنى داۋالايمەن،

ئۇلارنى چەكسىز سۆيىمەن،

ئۇلارغا بولغان غەزىپىم بېسىلدى.

5مەن ئىسرائىلىيە خەلقىگە شەبنەم بولىمەن.

ئۇلار خۇددى پىيازگۈلدەك ئېچىلىدۇ،

لىۋاننىڭ دەرەخلىرىدەك يىلتىز تارتىدۇ.

6ئۇلار يۇمران بىخ چىقىرىپ،

زەيتۇن دەرىخىدەك گۈزەللىشىدۇ،

لىۋاننىڭ كېدىر دەرەخلىرىدەك پۇراق چاچىدۇ.

7ئۇلار ماڭا قايتىپ، مېنىڭ سايەمدە ياشايدۇ.

ئۇلار زىرائەتلەردەك كۆكلەيدۇ،

ئۈزۈم تاللىرىدەك چىرايلىق چېچەكلەيدۇ.

لىۋان شارابىدەك نامى جاھانغا تارايدۇ.

8ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، مېنىڭ بۇتلار بىلەن ئىشىم يوق، سىلەرنىڭمۇ ئىشىڭلار بولمىسۇن.

دۇئايىڭلارغا قۇلاق سالغۇچى ۋە ھالىڭلاردىن خەۋەر ئالغۇچى مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.

مەن بۈك-باراقسان قارىغايغا ئوخشايمەن.

مەن ئالغان مول ھوسۇلۇڭلارنىڭ مەنبەسىدۇرمەن.»

خۇلاسە

9دانالار بۇ ئىشلارنى چۈشەنسۇن،

ئەقلى بارلار بۇ ئىشلارنى بىلىپ يەتسۇن.

چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ يولى ھەق يولدۇر.

ھەققانىيلار بۇ يولدا ماڭار،

گۇناھكارلار ئۇنىڭدا پۇتلىشىپ يىقىلار.