«ھوشىيا»

قىسقىچە چۈشەندۈرۈش

ھوشىيا پەيغەمبەر شىمالىي پادىشاھلىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ياشىغان پەيغەمبەردۇر. ئۇ پادىشاھلىقىنىڭ ئاخىرقى پاراكەندىچىلىك يىللىرىدا ئىسرائىلىيە خەلقىگە خۇدانىڭ ۋەھىيلىرىنى يەتكۈزگەنىدى. ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بىلەن پاھىشە بىر ئايال بىلەن نىكاھلىنىدۇ. ئۇنىڭ بۇ نىكاھى ئىسرائىلىيە خەلقىنىڭ ۋاپاسىزلىقىغا بىر تەمسىل قىلىنغانىدى. ئۇنىڭ ئايالى گومەر ئۇنىڭغا ۋاپاسىزلىق قىلىپ، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگىنىدەك، ئىسرائىلىيە خەلقىمۇ پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈيدۇ. ھوشىيا پەيغەمبەر پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلىيە خەلقىنى جازالايدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتىدۇ. لېكىن ئۇ يەنە ئىسرائىلىيە خەلقىنىڭ كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ يولىغا قايتىدىغانلىقى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارنى كەچۈرۈپ، گۈللەندۈرىدىغانلىقى ھەققىدىمۇ ئۇچۇر بېرىدۇ.
شىمالىي پادىشاھلىق بولغان ئىسرائىلىيە مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 721-يىلى ئاسسۇرلار تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنىپ، خەلقى سۈرگۈن قىلىنىدۇ.

تېزىس

1. ھوشىيانىڭ نىكاھلىنىشى ۋە ۋاپاسىز ئايالى (1-بابتىن 3-بابقىچە)
2. ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ ئەيىبلىنىشى (4-بابتىن 13-بابقىچە)
3. ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ توۋا قىلىشقا چاقىرىلىشى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ۋەدىلىرى (14-باب)