ئەزرا 1 كورەش پادىشاھنىڭ يەھۇدىيلارنىڭ ئۆز يۇرتىغا قايتىشىغا پەرمان چۈشۈرۈشى 1پېرسىيە پادىشاھى كورەش تەختكە ئولتۇرغان 1-يىلى* پەرۋەردىگار يەرەمىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتقان سۆزلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. خۇدا كورەش پادىشاھنىڭ دىلىغا سېلىپ، بىر پەرمان چۈشۈرگۈزدى. پادىشاھ ئۇنى قەغەزگە پۈتۈپ، پادىشاھلىقىنىڭ ھەممە يېرىگە تارقاتتى.
2«بۇ پېرسىيە پادىشاھىنىڭ ئېيتقانلىرىدۇر: ‹پەرۋەردىگار، يەنى ئەرشىئەلادىكى خۇدا پۈتۈن يەر يۈزىدىكى پادىشاھلىقلارنى ماڭا ئاتا قىلدى. ئۇ مېنى يەھۇدىيەنىڭ يېرۇسالېم شەھىرىدە ئۆزىگە ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا قۇرۇشقا تەيىنلىدى.
5شۇنىڭدىن كېيىن، خۇدا دىللىرىغا سالغان ئىشنى ئورۇنداش ئۈچۈن يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىلىرىنىڭ باشلىقلىرى، روھانىيلار ۋە لاۋىيلار يېرۇسالېمغا بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قايتىدىن بىنا قىلىشقا تەييارلاندى. 30 دانە ئالتۇن داس 1000 دانە كۈمۈش داس 29 دانە كۈمۈش ئەسۋابلار 1030 دانە ئالتۇن قاچا 410 دانە كۈمۈش قاچا 1000 دانە باشقا خىل قاچا-قۇچا 11ھەممىسى بولۇپ 5400 دانە ئالتۇن-كۈمۈش قاچا-قۇچا بولدى. سۈرگۈنلەر بابىلدىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلگەندە، شېشباسسار بۇ قاچا-قۇچىلارنى بىرگە ئېلىپ كەلدى.
2 قايتىپ كەلگۈچىلەرنىڭ تىزىملىكى
1تۆۋەندىكىلەر بابىلدىكى ئەسىردىن قايتقان يەھۇدىي سۈرگۈنلىرىنىڭ تىزىملىكىدۇر. نىبۇكادنەزەر پادىشاھ بۇرۇن ئۇلارنى ئەسىر قىلىپ بابىلغا پالىغانىدى. بىراق ھازىر ئۇلار ئۆز يۇرتى يەھۇدىيەنىڭ يېرۇسالېم ۋە باشقا جايلىرىغا قايتىپ كەلدى. 3پارئوش جەمەتىدىن 2172 كىشى 4شىفاتيا جەمەتىدىن 372 كىشى 5ئاراخ جەمەتىدىن 775 كىشى 6پاخات-موئاب جەمەتىدىن (يېشۇۋا ۋە يوئابنىڭ ئەۋلادلىرى) 2812 كىشى 7ئېلام جەمەتىدىن 1254 كىشى 8زاتتۇ جەمەتىدىن 945 كىشى 9زاككاي جەمەتىدىن 760 كىشى 10بانى جەمەتىدىن 642 كىشى 11بېباي جەمەتىدىن 623 كىشى 12ئازگاد جەمەتىدىن 1222 كىشى 13ئادونىقام جەمەتىدىن 666 كىشى 14بىگۋاي جەمەتىدىن 2056 كىشى 15ئادىن جەمەتىدىن 454 كىشى 16ئاتېر جەمەتىدىن (خىزكىيانىڭ ئەۋلادلىرى) 98 كىشى 17بېزاي جەمەتىدىن 323 كىشى 18يورا جەمەتىدىن 112 كىشى 19خاشۇم جەمەتىدىن 223 كىشى 20گىببار جەمەتىدىن 95 كىش 21بەيتلەھەملىكلەردىن 123 كىشى 22نىتوفالىقلاردىن 56 كىشى 23ئاناتوتلۇقلاردىن 128 كىشى 24ئازماۋەتلىكلەردىن 42 كىشى 25قىريات-يىئارىم، كىفىرا ۋە بەئەروتلۇقلاردىن 743 كىشى 26راماھ ۋە گەبالىقلاردىن 621 كىشى 27مىكماسلىقلاردىن 122 كىشى 28بەيتەل ۋە ئايلىقلاردىن 223 كىشى 29نىبولۇقلاردىن 52 كىشى 30ماگبىشلىقلاردىن 156 كىشى 31ئېلاملىقلاردىن 1254 كىشى 32خارىملىقلاردىن 320 كىشى 33لود، خادىد ۋە ئونولۇقلاردىن 725 كىشى 34ئېرىخالىقلاردىن 345 كىشى 35سىنائالىقلاردىن 3630 كىشى. 36روھانىيلاردىن: يىدايا جەمەتىدىن (يېشۇۋانىڭ ئەۋلادلىرى) 973 كىشى 37ئىممېر جەمەتىدىن 1052 كىشى 38پاشخۇر جەمەتىدىن 1247 كىشى 39خارىم جەمەتىدىن 1017 كىشى. 40لاۋىيلاردىن: يېشۇۋا ۋە قادمىئېل جەمەتىدىن (ھوداۋيا ئەۋلادلىرى) 74 كىشى 41ئىبادەتخانا مۇناجاتچىلىرى: ئاساف جەمەتىگە تەۋە 128 كىشى 42ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرى: شاللۇم، ئاتېر، تالمون، ئاققۇب، خاتىتا ۋە شوباي جەمەتلىرىگە تەۋە 139 كىشى. 43ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرىنىڭ جەمەتىدىن: زىخا، خاسۇفا، تاببائوت، 44قېروس، سىئاھا، پادون، 45لىبانا، خاگابا، ئاققۇب، 46خاگاب، شالماي، خانان، 47گىددېل، گاخار، رىئايا، 48رىزىن، نىقودا، گاززام، 49ئۇززا، پاسېياخ، بېساي، 50ئاسناھ، مىئۇنىم، نىفۇسىم، 51باقبۇق، خاقۇفا، خارخۇر، 52بازلۇت، مىخىدا، خارشا، 53بارقوس، سىسىرا، تەماخ، 54نىزىياخ ۋە خاتىفالار. 55سۇلايمان پادىشاھ خىزمەتكارلىرىنىڭ جەمەتىدىن: سوتاي، ھەسسوفەرەت، پىرۇدا، 56يالاھ، دارقون، گىددېل، 57شىفاتيا، خاتتىل، پوكەرەت-ھاززىبايىم ۋە ئامىلار.
58ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ۋە سۇلايمان پادىشاھ خىزمەتكارلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ سانى جەمئىي 392 كىشى.
59تېلمەلاخ، تېلخارشا، كىرۇب، ئاددان ۋە ئىممېر دېگەن جايلاردىن كەلگەن بىر توپ كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىسرائىل ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالمىدى.
61خاباييا، ھاققوز ۋە بارزىللاي دېگەن ئۈچ روھانىي جەمەتىمۇ قايتىپ كەلگەن بولۇپ، بارزىللاي گىلئادلىق بارزىللاينىڭ بىر قىزىغا ئۆيلىنىپ، ئۇنىڭ فامىلىسىنى ئىشلەتكەنىدى.
64يەھۇدىيەگە قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 42,360 كىشى بولدى.
68بۇ سۈرگۈنلەر پەرۋەردىگارنىڭ يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىسىغا يېتىپ كەلگەندە، بەزى جەمەت باشلىقلىرى ئىبادەتخانىنى ئەسلى ئورنىغا قايتىدىن بىنا قىلىشقا خالىس ھەدىيىلەرنى تەقدىم قىلدى. 70روھانىيلار، لاۋىيلار، مۇناجاتچىلار، ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرى، ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ۋە بىر قىسىم كىشىلەر يېرۇسالېم ئەتراپىغا ئولتۇراقلاشتى. قالغانلار بولسا ئۆز يۇرتلىرىغا جايلاشتى. *63كۆپ تەرەپلىمىلىك ئىزدىنىشلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ خۇدانىڭ ئىرادىسىنى بىلىش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان مۇقەددەس چەك بولۇشى مۇمكىن. «ئۇرىم»نىڭ ئىبرانىي تىلىدىكى مەنىسى «قارغاش»، بۇ يەردە «بولمايدۇ» دېگەن مەنىدە بولۇشى مۇمكىن. «تۇممىم»نىڭ ئىبرانىي تىلىدىكى مەنىسى «تەلتۆكۈس»، بۇ يەردە «بولىدۇ» دېگەن مەنىدە بولۇشى مۇمكىن.
3 ئىبادەتخانا سۇپىسىنىڭ قايتىدىن ياسىلىشى
1كۈز پەسلىنىڭ* دەسلەپكى مەزگىلىدە ئىسرائىللار ئۆز يۇرتلىرىغا ئورۇنلىشىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلار بىر نىيەت بىر مەقسەتتە يېرۇسالېمغا جەم بولدى.
4ئۇلار تەۋرات قانۇنىغا بىنائەن كەپە تىكىش ھېيتى قىلىپ، ھەر كۈنى تېگىشلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى قىلدى. ئىبادەتخانىنىڭ قايتىدىن قۇرۇلۇشى 7شۇنىڭدىن كېيىن خەلق تاشچى ۋە ياغاچچىلارنى ياللاپ، تىرلىقلار ۋە سىدونلۇقلارنىڭ كېدىر ياغاچلىرىغا يېمەك-ئىچمەك ۋە زەيتۇن يېغىنى تېگىشتى. بۇ ياغاچلار دېڭىز ئارقىلىق لىۋاندىن جاففا شەھىرىگە ئېلىپ كېلىندى. بۇ ئىش پېرسىيە پادىشاھى كورەشنىڭ رۇخسىتى بىلەن بولدى.
8خەلق سۈرگۈندىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى ئىككىنچى ئەتىيازنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ قۇرۇلۇشى باشلىنىپ كەتتى. بۇ خىزمەتكە شىئالتېلنىڭ ئوغلى زىرۇببابەل، يوزاداقنىڭ ئوغلى يېشۇۋا ھەم باشقا روھانىيلار، لاۋىيلار ۋە قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى قاتناشتى. لاۋىيلارنىڭ يېگىرمە ياشتىن يۇقۇرىلىرى ئىبادەتخانىنىڭ قايتىدىن قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى نازارەت قىلىشقا تەيىنلەندى.
10ئۇلار ئىبادەتخانىنىڭ ئۇلىنى قويۇپ بولغاندا، روھانىيلار تونلىرىنى كىيىپ، كانايلارنى تۇتۇپ، ھەر قايسىسى ئۆز ئورۇنلىرىدا تۇرۇشتى. لاۋىيلاردىن بولغان ئاسافنىڭ ئەۋلادلىرى جاڭلارنى تۇتۇپ تۇرۇشتى. ئۇلار ئىسرائىلىيەنىڭ سابىق پادىشاھى داۋۇتنىڭ كۆرسەتكىنىدەك پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلىدى. «پەرۋەردىگار شاپائەتلىكتۇر! ئىسرائىلىيەگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر!» دېيىشتى. ئاندىن بارلىق خەلق ئۈنلۈك ۋارقىراپ پەرۋەردىگارغا مەدھىيىلەر ئوقۇشتى. چۈنكى ئىبادەتخانىنىڭ ئۇلى قويۇلۇپ بولغانىدى. *1يەھۇدىيلارنىڭ كالېندارى بويىچە كۈز پەسلى 7-ئايدا باشلىنىدۇ. كەپە تىكىش ھېيتى 7-ئاينىڭ 15-كۇنىگە توغرا كېلىدۇ.
4 ئىبادەتخانىنىڭ قۇرۇلۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىنىشى
1يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىلىرىنىڭ رەقىبلىرى سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ئاتالغان ئىبادەتخانىنى قايتىدىن بىنا قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى. _ ئىبادەتخانىنى قۇرۇش خىزمىتىڭلارغا بىزمۇ قاتنىشايلى! بىزمۇ سىلەر ئېتىقاد قىلىدىغان خۇداغا ئىبادەت قىلىمىز. ئاسسۇر پادىشاھى ئېسارخاددون بىزنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەندىن بۇيان، داۋاملىق خۇداغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىپ كېلىۋاتىمىز. _ دېيىشتى. 3زىرۇببابەل، يېشۇۋا ۋە جەمەت باشلىقلىرى ئۇلارغا: _ سىلەر خۇدايىمىزغا ئاتىغان بۇ ئىبادەتخانىنى بىنا قىلىشقا ئارىلىشالمايسىلەر! پېرسىيە پادىشاھى كورەشنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن ئۆزىمىز ئەجدادلىرىمىز ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا، يەنى پەرۋاەردىگارغا ئاتاپ ئۇنى قۇرۇپ چىقىمىز! _ دېدى.
4شۇنىڭ بىلەن يەرلىك خەلق يەھۇدىيلارنى نائۈمىدتە قويۇشقا تىرىشىپ، ئۇلارنى قورقۇتۇپ قۇرۇلۇشقا دەخلى يەتكۈزدى. يەھۇدىيلارغا بولغان كېيىنكى توسقۇنلۇق 6نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن*، ئاخاشۋېروش پادىشاھ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە باشلىغاندا، يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېم خەلقىنىڭ رەقىبلىرى ئۇلار ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ مەكتۇپ سۇندى. 7يىللار ئۆتۈپ ئارتاخشاستى پادىشاھ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقاندا، بىشلام، مىترىدات، تابىئال ۋە باشقا ئەمەلدارلار پېرسىيە پادىشاھىغا مەكتۇپ يازدى. بۇ مەكتۇپ ئارامى تىلىدا يېزىلغان بولۇپ، پادىشاھقا تەرجىمە قىلىپ سۇنۇلدى.
8رىخۇم قوماندان ۋە شىمشاي پۈتۈكچىمۇ يېرۇسالېمنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا ئارتاخشاستى پادىشاھقا مەكتۇپ يازدى. «ئارتاخشاستى پادىشاھقا، فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى خىزمەتكارلىرىدىن سالام! 17پادىشاھ جاۋابەن مۇنداق دېدى: «رىخۇم قوماندان، شىمشاي پۈتۈكچى ۋە سىلەرنىڭ سامارىيە ھەم فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىدە تۇرغۇچى باشقا خىزمەتداش ئەمەلدارلىرىڭلارغا سالام! 23رىخۇم، شىمشاي پۈتۈكچى ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەتداشلىرى ئارتاخشاستى پادىشاھنىڭ جاۋاب خېتىنى ئاڭلاپ، دەرھال يېرۇسالېمغا بېرىپ قورال كۈچى بىلەن يەھۇدىيلارنى ئىش توختىتىشقا مەجبۇر قىلدى. ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىنىڭ يەنە قايتىدىن باشلىنىشى 24خۇدانىڭ يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىسىنى قايتىدىن بىنا قىلىش قۇرۇلۇشى توختاپ قالغانىدى. بۇ ئەھۋال پېرسىيە پادىشاھى دارىئوس ھاكىمىيىتىنىڭ 2-يىلىغىچە داۋاملاشتى. *6يوقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان 6-ئايەتتىن 23-ئايەتكىچە بولغان مەزمۇن تەخمىنەن يۈز يىلدىن كېيىنكى يېرۇسالېم شەھەر سېپىلىنىڭ بىنا قىلىنىشىدىكى توسقۇنلۇقنى كۆرسىتىدۇ.
5
1ئۇ چاغدا ھاگاي پەيغەمبەر ھەم ئىددونىڭ ئوغلى زىكىرىيا پەيغەمبەر ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن ھەم ئۇلارغا يار بولغان خۇدانىڭ نامى بىلەن يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمدا تۇرىدىغان يەھۇدىيلارغا خۇدانىڭ ۋەھىيلىرىنى يەتكۈزۈشكە باشلىغانىدى. 3فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىنىڭ باشلىقى تاتتىناي، شىتار-بوزىناي ۋە باشقا خىزمەتداش ئەمەلدارلار شۇ ۋاقىتتا يېرۇسالېمغا كېلىپ ئۇلاردىن: _ سىلەرگە بۇ ئىبادەتخانىنى بىنا قىلىشقا ۋە تاملارنى قوپۇرۇشقا كىم رۇخسەت بەردى؟ _ دەپ سورىدى.
4ئۇلار يەنە ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىدىكىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى سورىدى. تاتتىنايلارنىڭ پادىشاھقا تۇتقان مەكتۇپى
6فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىنىڭ باشلىقى تاتتىناي، شىتار-بوزىناي ۋە خىزمەتداش ئەمەلدارلارنىڭ پادىشاھقا تۇتقان مەكتۇپى مۇنداق ئىدى: 7«دارىئوس پادىشاھ ئالىيلىرىغا سالام!
8ئالىيلىرىغا شۇنى مەلۇم قىلىمىزكى، بىز يەھۇدىيە رايونىغا بېرىپ، ئۇلۇغ خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ قايتىدىن بىنا قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. بۇ ئىبادەتخانا قورام تاشلار بىلەن ياسىلىۋېتىپتۇ ۋە تاملىرىنىڭ ئىچىگە چوڭ لىملار قويۇلۇپتۇ. بۇ قۇرۇلۇش ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن ئوڭۇشلۇق كېتىۋېتىپتۇ. ‹بىز پۈتۈن ئالەمنىڭ ئىگىسى بولغان خۇدانىڭ بەندىلىرىمىز. بىز ھازىر قايتىدىن بىنا قىلىۋاتقان ئىبادەتخانىنى نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى ئىسرائىلىيەنىڭ بىر كۈچلۈك پادىشاھى قۇرۇپ چىققان.
17شۇنىڭ ئۈچۈن ئالىيلىرى توغرا كۆرسىلە، بابىلنىڭ ئوردا تەزكىرىسىنى ئىزدىنىپ باققايلا. كورەش پادىشاھنىڭ يېرۇسالېمدىكى مەزكۇر ئىبادەتخانىنى قايتىدىن بىنا قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن-چۈشۈرمىگەنلىكىنى ئېنىقلاپ كۆرگەيلا. ئاندىن بىزگە بۇ ئىشنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغرۇلۇق يوليورۇق بەرگەيلا.» 6 دارىئوس پادىشاھنىڭ پەرمانى
1شۇنىڭ بىلەن دارىئوس پادىشاھ بابىلدىكى ئارخىپخانىنى تەكشۈرۈپ چىقىشنى بۇيرۇدى. «يارلىق:
3كورەش پادىشاھ تەختكە ئولتۇرغان بىرىنچى يىلى يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانا توغرۇلۇق پەرمان چۈشۈردى. ئىبادەتخانا يەھۇدىيلار قۇربانلىق سۇنىدىغان ئەسلى ئورنىغا قايتىدىن قۇرۇپ چىقىلسۇن. مەزكۇر ئىبادەتخانىنىڭ ئېگىزلىكى يىگىرمە يەتتە مېتىر، كەڭلىكى يىگىرمە يەتتە مېتىر بولسۇن. 6شۇڭا، پادىشاھ دارىئوس مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: «فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىنىڭ باشلىقى تاتتىناي، شىتار-بوزىناي ۋە بۇ ئۆلكىنىڭ خىزمەتداش ئەمەلدارلىرىغا: ‹سىلەر ئىبادەتخانىغا يېقىنلاشماڭلار.
8مەن سىلەرنىڭ ئۇلارغا ياردەمدە بولۇشۇڭلارنى بۇيرۇيمەن. قۇرۇلۇش توختاپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ پۈتۈن خىراجىتى فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىنىڭ ئوردا خەزىنىسىگە كىرىدىغان ئالۋان-ياساق كىرىمىدىن كېچىكتۈرمەي ئاجرىتىلسۇن.
11يەنە شۇنداق بۇيرۇيمەنكى: كىمكى پەرمانىمغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزسە، ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ بىر لىمى سۇغۇرۇپ ئېلىنىپ، ئۇ ئادەم تىكلەنگەن لىمغا سانجىپ قويۇلسۇن، ئۆيى ئەخلەت دۆۋىسىگە ئايلانسۇن. مەزكۇر پەرماننى مەنكى دارىئوس جاكارلىدى، سۆزسىز ئىجرا قىلىنسۇن!» ئىبادەتخانىنىڭ خۇداغا بېغىشلىنىشى
13شۇنىڭ بىلەن فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىنىڭ باشلىقى تاتتىناي، شىتار-بوزىناي ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەتداش ئەمەلدارلىرى، پادىشاھنىڭ پەرمانىنى سۆزسىز ئىجرا قىلدى.
16ئىسرائىل خەلقى، جۈملىدىن روھانىيلار، لاۋىيلار ۋە قالغان سۈرگۈنلەر ئىبادەتخانىنى خۇداغا بېغىشلاش مۇراسىمىنى شاد-خۇراملىق ئىچىدە ئۆتكۈزدى. ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى
191-ئاينىڭ 14-كۈنى* سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەنلەر ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزدى. *15ھازىرقى زامان كالېندارى بويىچە مىلادىيەدىن ئىلگىرى 516 يىلى 12-مارتقا توغرا كېلىدۇ. *19بۇ يەھۇدىي كالېندارى بويىچە بولۇپ، ھازىرقى زامان كالېندارى بويىچە 4-ئاينىڭ 21-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.
7 ئەزرانىڭ يېرۇسالېمغا يېتىپ كېلىشى
1نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن پېرسىيە پادىشاھى ئارتاخشاستى مەزگىلىدە ئەزرا ئىسىملىك بىر روھانىي ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ سىرايانىڭ ئوغلى، سىرايا ئازاريانىڭ ئوغلى، ئازاريا خىلقىيانىڭ ئوغلى،
8-9ئۇلار ئارتاخشاستى پادىشاھنىڭ 7-يىلى، 1-ئاينىڭ 1-كۈنى* بابىلدىن يولغا چىقتى. خۇدا ئەزراغا يار-يۆلەك بولغانلىقتىن، ئۇلار 5-ئاينىڭ 1-كۈنى* يېرۇسالېمغا يېتىپ كەلدى. ئارتاخشاستى پادىشاھنىڭ ئەزراغا يازغان مەكتۇپى
11ئارتاخشاستى پادىشاھ ئىسرائىللارغا چۈشۈرگەن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى پىششىق بىلىدىغان تەۋرات ئۇستازى ئەزرا روھانىيغا ئۇشبۇ مەكتۇپنى تۇتتى. 12«مەنكى شاھلارنىڭ شاھى ئارتاخشاستىدىن ئەرشىئەلادىكى خۇدانىڭ قانۇنىنىڭ ئۇستازى ئەزرا روھانىيغا سالام!
13پادىشاھلىقىمدا ياشاۋاتقان ئىسرائىل خەلقى جۈملىدىن روھانىيلار، لاۋىيلار ۋە باشقىلارغا شۇنى بۇيرۇيمەنكى، ئۇلار خالىغانچە ئۆزلىرى بىلەن بىر قاتاردا يېرۇسالېمغا قايتىپ كەتسە بولىدۇ.
19ئىبادەتخانىنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن ئۆزلىرىگە بېرىلگەن قاچا-قۇچىلارنى يېرۇسالېم ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلغان خۇداغا بېغىشلىغايلا.
21مەنكى ئارتاخشاستى پادىشاھ فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىنىڭ بارلىق خەزىنە ئەمەلدارلىرىغا بۇيرۇيمەنكى، ئەرشىئەلادىكى خۇدانىڭ قانۇنىنى پىششىق بىلىدىغان ئەزرا روھانىينىڭ بارلىق تەلەپلىرىنى تېزدىن بەجا كەلتۈرۈڭلار.
25ئەزرا، خۇدا ئۆرلىرىگە ئاتا قىلغان ئەقىل-پاراسەت بىلەن فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىدە ياشايدىغان ھەم خۇدانىڭ قانۇنىنى بىلىدىغان بارلىق ئادەملەرنى ئىدارە قىلىشقا ئەمەلدار ۋە سوتچىلارنى تەيىنلىگەيلا. قانۇندىن ساۋاتى يوقلارغا ئۇنىڭدىن تەلىم بەرگەيلا. ئەزرانىڭ خۇدانى مەدھىيەلىشى 27ئەزرا مۇنداق دېدى: «پەرۋەردىگار، يەنى ئەجدادلىرىمىز ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا مەدھىيىلەنگەي! ئۇ يېرۇسالېمدىكى ئۆز ئىبادەتخانىسىنى زىننەتلەشنى پادىشاھنىڭ دىلىغا سالدى. *9_8ھازىرقى زامان كالېندارى بويىچە مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 458-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ. *9_8ھازىرقى زامان كالېندارى بويىچە مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 458-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.
8 ئەزرا بىلەن بىرگە سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەنلەر
1ئارتاخشاستى پادىشاھ ھاكىمىيەت تۇتقان مەزگىلدە مەنكى ئەزرا بىلەن بىللە بابىلدىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلگەن جەمەت باشلىقلىرىنىڭ ئىسىملىكى ۋە ئۇلارنىڭ نەسەبنامىسى تۆۋەندىكىچە: 2-3پىنىخاس جەمەتىدىن گېرشوم ئىتامار جەمەتىدىن دانىيال داۋۇت جەمەتىدىن شېكانيانىڭ ئەۋلادى خاتتۇش پارئوش جەمەتىدىن زىكىرىيا بىلەن نەسەبنامىسى ئېنىق بولغان 150 ئەر 4پاخات-موئاب جەمەتىدىن زىراخيانىڭ ئوغلى ئەليىھوئېناي ۋە 200 ئەر 5زاتتۇ جەمەتىدىن ياخازىئېلنىڭ ئوغلى شېكانيا ۋە 300 ئەر 6ئادىن جەمەتىدىن يوناتاننىڭ ئوغلى ئەبىد ۋە 50 ئەر 7ئېلام جەمەتىدىن ئاتاليانىڭ ئوغلى يىشايا ۋە 70 ئەر 8شىفاتيا جەمەتىدىن مىكائىلنىڭ ئوغلى زىباديا ۋە 80 ئەر 9يوئاب جەمەتىدىن يىخىئېلنىڭ ئوغلى ئوباديا ۋە 218 ئەر 10بانى جەمەتىدىن يوسىفيانىڭ ئوغلى شىلومىت ۋە 160 ئەر 11بېباي جەمەتىدىن بېباينىڭ ئوغلى زىكىرىيا ۋە 28 ئەر 12ئازگاد جەمەتىدىن ھاققاتان ئوغلى يوخانان ۋە 110 ئەر 13ۋاقچىرەك قايتىپ كەلگەن ئادونىقام جەمەتىدىن ئەلىفەلەت، يىئۇئېل، شىمايا ۋە 60 ئەر 14بىگۋاي جەمەتىدىن ئۇتاي، زاككۇر ۋە 70 ئەر. ئەزرانىڭ يېرۇسالېمغا بېرىشى
15مەن بارلىق خەلقنى ئاھاۋاغا قاراپ ئاقىدىغان دەريانىڭ بويىغا جەم قىلدىم ۋە ئۇ يەردە ئۈچ كۈن قارارگاھ قۇردۇق. مەن روھانىيلار ۋە قالغان خەلقنى تەكشۈرگىنىمدە، لاۋىيلارنىڭ يوقلۇقىنى بايقىدىم.
21ئاھاۋا دەرياسىنىڭ بويىدا مەن جامائەتكە روزا تۇتۇشنى جاكارلاپ، ئۇلارنىڭ خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا كەمتەر بولۇپ، خۇدادىن بىز، بالىلىرىمىز ۋە بارلىق مال-مۈلكىمىز ئۈچۈن بىخەتەر سەپەر تىلىدىم.
24روھانىي باشلىقلار ئارىسىدىن شېرېبىيا، خاشابيا ۋە ئۇلارنىڭ ئون تۇغقىنىنى تاللىدىم. 22 توننا كۈمۈش كۈمۈش قاچا-قۇچىلار (جەمئىي 3400 كىلو) 3400 كىلو ئالتۇن 2720 دانە ئالتۇن قاچا (8 كىلو 400 گرام) 2 دانە ئېسىل، پارقىراق تۇچ قاچا (قىممىتى ئالتۇن بىلەن باراۋەر) 28مەن ئۇلارغا: _ سىلەر ۋە قاچا-قۇچىلار پەرۋەردىگارغا ئاتالغان. ئالتۇن-كۈمۈش بولسا پەرۋەردىگار، يەنى ئەجدادلىرىڭلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا بېغىشلانغان خالىس ھەدىيىدۇر. 30شۇنىڭ بىلەن روھانىيلار ھەم لاۋىيلار بۇ ئالتۇن-كۈمۈش ۋە قاچا-قۇچىلارنى خۇدايىمىزنىڭ يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىسىغا ئېلىپ بېرىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالدى.
31بىز 1-ئاينىڭ 12-كۈنى* ئاھاۋا دەرياسىدىن يېرۇسالېمغا قاراپ يولغا چىقتۇق. سەپىرىمىزدە خۇدايىمىز بىزگە يار بولۇپ، بىزنى دۈشمەن ۋە قاراقچىلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىدى.
35قايتىپ كەلگەن ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى قىلدى. ئۇلار بارلىق ئىسرائىللار ئۈچۈن 12 تورپاق، توقسان 96 قوچقار، 77 پاقلان ۋە گۇناھ كەچۈرۈلۈش قۇربانلىقى ئۈچۈن 12 تېكە قۇربانلىق قىلدى. بۇ ماللارنىڭ ھەممىسى قۇربانلىق ئۈچۈن كۆيدۈرۈلۈپ، پەرۋەردىگارغا سۇنۇلدى.
9 ئىسرائىللارنىڭ يەرلىك خەلقلەر بىلەن نىكاھلىنىش مەسىلىسى 1بۇ ئىشلار ئۆتۈپ، بەزى يەھۇدىي ئەمەلدارلار ماڭا كېلىپ: _ بەزى ئىسرائىللار، جۈملىدىن ئۇلار ئارىسدىكى بەزى روھانىيلار ۋە لاۋىيلارمۇ يەرلىك خەلقلەردىن، يەنى كەنئانلار، خىتلار، پەرىززىلەر، يىبۇسلار، ئاممونلار، موئابلار، مىسىرلىقلار، ئامورلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ يىرگىنچلىك ئىشلىرىدىن ئۆزلىرىنى نېرى تۇتمىدى.
3مەن بۇ ئىشنى ئاڭلىغان ھامان، چاپان-چارامنى يىرتىپ، چاچ-ساقاللىرىمنى يۇلۇپ، چۆچۈگەن ھالدا تاڭ قېتىپ ئولتۇرۇپ قالدىم.
5كەچلىك قۇربانلىق سۇنىدىغان چاغدا، مەن قايغۇ-ھەسرەت ئىچىدە چاپان-چارىلىرىم يىرتىق ھالدا ئورنۇمدىن تۇردۇم. ئاندىن تىزلىنىپ تۇرۇپ قوللىرىمنى پەرۋەردىگار خۇدايىمغا كۆتۈرۈپ «ئى خۇدا، ھەقىقەتەن خىجالەتمەن! سېنىڭ ئالدىڭدا ئۇيالغىنىمدىن يۈزۈمنى كۆتۈرەلمەيمەن. بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئاسمانغا تاقاشتى، جىنايەتلىرىمىز چېكىگە يەتتى.
8بىراق ھازىر پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بىزگە قىسقا ۋاقىت مېھىر-شەپقەت قىلىپ، ئاز بىر قىسمىمىزنى سۈرگۈندىن قۇتقۇزۇپ، بۇ مۇقەددەس ماكاندا ئامان-ئېسەن ياشاتتى. ئۇ بىزلەرگە ئۈمىد ئاتا قىلىپ، قۇللۇقىمىزدا بىزگە بىرئاز ئاراملىق بەردى.
10ئى خۇدايىمىز! بىراق ئەمدى بىز بۇنىڭغا نېمە دېيەلەيمىز؟ سېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىڭغا يەنە ئىتائەت قىلمىدۇق.
13بېشىمىزغا كەلگەن ھەممە ئىش بىزنىڭ رەزىللىك ۋە سەۋەنلىكلىرىمىزدىن بولدى. شۇنداقتىمۇ، ئى خۇدايىمىز، بىزگە بەرگەن جازايىڭ يەنىلا يەڭگىل بولۇپ، ئايرىملىرىمىزنى يەنىلا ئامان قالدۇردۇڭ. 10 توۋا قىلىش
1ئەزرا ئىبادەتخانا ئالدىدا يۈزىنى يەرگە يېقىپ، يىغا-زار بىلەن دۇئا قىلىپ، گۇناھلار ئۈچۈن توۋا قىلىۋاتقىنىدا، زور بىر توپ ئىسرائىللار، جۈملىدىن ئەر-ئايال ۋە بالىلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ، ھەسرەتلىك يىغلاشتى. _ بىز يەرلىكلەردىن بولغان يات خەلقلەردىن خوتۇن ئېلىپ، خۇدايىمىزغا ساداقەتسىزلىك قىلدۇق. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، ئىسرائىلىيەدە يەنە ئۈمىد بار.
5شۇنىڭ بىلەن ئەزرا ئورنىدىن تۇرۇپ، روھانىي باشلىقلار، لاۋىيلار ۋە قالغان بارلىق ئىسرائىل خەلقىنى بۇ تەكلىپ بويىچە ئىش كۆرۈشكە قەسەم قىلدۇردى. ئۇلار شۇ بويىچە ئىش كۆردى.
7كېيىن يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا جايلىرىغا سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەن ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنىڭ يېرۇسالېمغا جەم بولۇشى توغرىسىدا مۇنداق ئەمر چۈشۈرۈلدى:
9ئۈچ كۈن ئىچىدە بارلىق يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىسىدىكىلەر يېرۇسالېمغا جەم بولدى. 9-ئاينىڭ 20-كۈنى، بارلىق خەلق ئىبادەتخانا ئالدىدىكى مەيداندىن ئورۇن ئالدى. قاتتىق يامغۇر ۋە بۇ ئىشنىڭ جىددىيلىكى سەۋەبىدىن ھەممە ئادەمنى تىترەك باستى. _ سىلەر ساداقەتسىزلىك قىلىپ، يات خەلقلەردىن خوتۇن ئېلىپ، ئىسرائىللارنى تېخىمۇ ئېغىر گۇناھقا پاتقۇزدۇڭلار. 12جامائەت يۇقىرى ئاۋازدا جاۋابەن مۇنداق دېدى: _ توغرا ئېيتتىڭىز، دېگىنىڭىزنى بەجا كەلتۈرىمىز!
15پەقەت ئاسائېلنىڭ ئوغلى يوناتان بىلەن تىقۋاھنىڭ ئوغلى ياخزىيا بۇنىڭغا قارشى چىقتى. ئۇلارنى مىشۇللام بىلەن لاۋىيلاردىن شاببىتاي قوللىدى. يات خەلقلەردىن خوتۇن ئالغان كىشىلەر 18يات خەلقلەردىن خوتۇن ئالغان روھانىيلار جەمەتىنىڭ ئىسىملىكى تۆۋەندىكىچە: يوزاداقنىڭ ئوغلى يېشۇۋا ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ جەمەتىدىن: مائاسېيا، ئەلىئەزەر، يارىب ۋە گىداليا. 20ئىممېر جەمەتىدىن خانانى ۋە زىباديا 21خارىم جەمەتىدىن مائاسېيا، ئىلياس، شىمايا، يىخىئېل ۋە ئۇززىيا 22پاشخۇر جەمەتىدىن ئەليوئېناي، مائاسېيا، ئىسمائىل، نىتانئېل، يوزاباد ۋە ئەلئاسا 23لاۋىيلاردىن يوزاباد، شىمئى، قېلايا (قىلىتا دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، پىتاخيا، يەھۇدا ۋە ئەلىئەزەر 24ئىبادەتخانا مۇناجاتچىلىرىدىن ئەلياشىب ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرىدىن شاللۇم، تەلەم ۋە ئۇرى 25باشقا ئىسرائىللاردىن: پارئوش جەمەتىدىن رامىيا، يىزىيا، مالكىيا، مىيامىن، ئەلئازار، مالكىيا ۋە بىنايا 26ئېلام جەمەتىدىن ماتتانيا، زىكىرىيا، يىخىئېل، ئابدى، يىرېموت ۋە ئىلياس 27زاتتۇ جەمەتىدىن ئەليوئېناي، ئەلياشىب، ماتتانيا، يىرېموت، زاباد ۋە ئازىزا 28بېباي جەمەتىدىن يىھوخانان، خانانيا، زابباي، ئاتلاي 29بانى جەمەتىدىن مىشۇللام، ماللۇك، ئادايا، ياشۇب، شىئال، يىراموت 30پاخات-موئاب جەمەتىدىن ئادنا، كىلال، بىنايا، مائاسېيا، ماتتانيا، بىزالئېل، بىننۇي ۋە ماناسسە
31خارىم جەمەتىدىن ئەلىئەزەر، يىششىيا، مالكىيا، شىمايا، شىمون، 33خاشۇم جەمەتىدىن ماتتىناي، ماتتاتتا، زاباد، ئەلىفەلەت، يىرېماي، ماناسسە ۋە شىمئى
34بانى جەمەتىدىن مائاداي، ئامرام ۋە ئۇئېل،
38بىننۇي جەمەتىدىن شىمئى، 43نىبو جەمەتىدىن يىئىئېل، ماتتىتيا، زاباد، زىبىنا، يادداي، يوئېل ۋە بىنايا. 44مانا بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى يات خەلقلەردىن خوتۇن ئالغان، بەزىلىرى بۇ خوتۇنلاردىن بالىمۇ تاپقان. *9ھازىرقى زامان كالېندارى بويىچە 12-ئاينىڭ 19-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ. *16ھازىرقى زامان كالېندارى بويىچە 12-ئاينىڭ 29-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ. *17ھازىرقى زامان كالېندارى بويىچە 3-ئاينىڭ 27-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.
|
||