«ئەزرا»

(قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)

«مۇقەددەس كىتاب»نىڭ «ئەزرا» قىسمىدا يەھۇدىيلارنىڭ مىلادىيەدىن ئىلگىرى 539-يىلى سۈرگۈندىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى يۈز يىل ئىچىدىكى ۋەقەلەر بايان قىلىنىدۇ. مىلادىيەدىن ئىلگىرى 1010-يىلى داۋۇت پادىشاھ ئىسرائىلىيەنىڭ ئىككىنچى پادىشاھى بولۇپ تەختكە ئولتۇردى. مىلادىيەدىن ئىلگىرى 930-يىلى داۋۇت پادىشاھنىڭ ئوغلى سۇلايمان پادىشاھ دۇنيادىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە ئىككى پادىشاھلىققا بۆلۈنۈپ كەتتى. بىرى شىمالىي پادىشاھلىق بولۇپ ئىسرائىلىيە دەپ ئاتالدى، يەنە بىرى جەنۇبىي پادىشاھلىق بولۇپ، يەھۇدىيە دەپ ئاتالدى. يېرۇسالېم بولسا جەنۇبىي پادىشاھلىققا جايلاشقانىدى.

بۇ ئىككى پادىشاھلىق خۇدادىن يۈز ئۆرۈپ، بۇتپەرەسلىك يولىغا كىرىپ كەتكەنىدى. ئۇلار خۇدا ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا قۇلاق سالمىدى. ئاخىرىدا شىمالىي پادىشاھلىق مىلادىيەدىن ئىلگىرى 722-يىلى ئاسسۇر ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن يىمىرىلىپ، خەلقى ئاسسۇرغا سۈرگۈن قىلىندى. جەنۇبىي پادىشاھلىق مىلادىيەدىن ئىلگىرى 586-يىلى بابىل ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن يىمىرىلىپ، خەلقى بابىل (ھازىرقى ئىراق)غا سۈرگۈن قىلىندى. خۇدا يەرەمىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئۆز خەلقىنىڭ بىر كۈنى ئىسرائىلىيەگە قايتىپ كېلىدىغانلىقىغا ۋەدە قىلغانىدى. مىلادىيەدىن ئىلگىرى 539-يىلى پېرسىيە پادىشاھى كورەش بابىل ئىمپېرىيىسىنى بويسۇندۇردى. ئۇنىڭ زېمىنى ئىسرائىلىيەنىڭ سابىق ئىككى پادىشاھلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.

پېرسىيە پادىشاھى كورەش زامانىسىدا سۈرگۈنلەرنىڭ ئۆز يۇرتىغا قايتىشىغا پەرمان چۈشۈرۈلدى. مىلادىيەدىن ئىلگىرى 538-يىلى ئىسرائىللار يەھۇدىيەگە قايتىپ كەلدى. مىلادىيەدىن ئىلگىرى 537-يىلى ئىبادەتخانا قۇربانلىق سۇپىسى بىنا قىلىندى. مىلادىيەدىن ئىلگىرى 536-يىلى ئىبادەتخانىنى قايتىدىن قۇرۇش باشلاندى. بۇ يەھۇدىيەدىكى باشقا خەلقلەر تەرىپىدىن توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى. شۇ ۋەجىدىن ئالتە يىل داۋاملاشقان ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشى توختاپ قالدى. بىراق ئون يىلدىن كېيىن دارىئوس پادىشاھ ھاكىمىيەت تۇتقاندا، قۇرۇلۇش يەنە داۋام ئەتتى. مىلادىيەدىن ئىلگىرى 516-يىلى ئىبادەتخانا قۇرۇپ چىقىلدى.

58 يىلدىن كېيىن ئەزرا يېرۇسالېمغا قايتىپ كېلىپ، نۇرغۇن يەھۇدىيلارنىڭ يەرلىك خەلقلەردىن خوتۇن ئېلىپ خۇدانىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلمىغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. بۇنداق ئىش ئىسرائىللارنىڭ ئىككى پادىشاھلىقىنى بۇتپەرەسلىككە باشلاپ، نەتىجىدە ئېلىنى ۋەيران قىلىپ، خەلقىنى سۈرگۈنگە تۇتۇپ بەرگەن گۇناھلاردىن بىرى ئىدى. ئەزرا روھانىي خۇدانىڭ غەزىپىنىڭ قايتا كېلىشىدىن قورقۇپ، بۇ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئۇرۇندى.

كىتابخان 4-بابتىكى مەزمۇننىڭ يىلنامە تەرتىپى بويىچە بولمىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. 4-بابنىڭ 1-ئايىتىدىن 5-ئايىتىگىچە بولغان مەزمۇندا يەرلىك خەلقلەر ئىبادەتخانىنىڭ قۇرۇلۇشىغا توسقۇنلىق قىلىدۇ. 4-بابنىڭ 6-ئايىتىدىن 23-ئايىتىگىچە بولغان مەزمۇندا بولسا، يەرلىك خەلقلەر يېرۇسالېم سېپىل قۇرۇلۇشىغا توسقۇنلىق قىلىدۇ. بۇ ۋەقەلەر تەخمىنەن يۈز يىلدىن كېيىن يۈز بېرىدۇ. 4-باب 24-ئايەتتە ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى ۋەقەلىك قايتىدىن بايان قىلىنىدۇ.

ئەزرا قىسمىدا خۇدا پادىشاھلارنىڭ قەلبىنى يۇمشىتىپ، ئىسرائىللارغا ياردەم قىلدۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خۇدا ئۇلارنىڭ ئىبادەتخانىنى قۇرۇۋاتقان مەزگىلىدە قىيىنچىلىقلارنىڭ يۈز بېرىشىگە يول قويغان. بۇنىڭدىن كىشىلەر رەقىبى تەھدىت سېلىۋاتقان مەزگىلدىمۇ خۇداغا ئىتائەت قىلىشنى ۋە ئېتىقادتا مۇستەھكەم تۇرۇشنى ئۆگىنىۋالالايدۇ. ئىبادەتخانىنى قايتىدىن قۇرۇش بولسا ئىسرائىل خەلقىنىڭ يېڭىباشتىن باش كۆتۈرۈپ چىقىشىدۇر.

تېزىس:

1. سۈرگۈنلەرنىڭ بىرىنچى تۈركۈملۈك يۇرتىغا قايتىشى (1-، 2-بابلار)

2. ئىبادەتخانىنىڭ يېڭىباشتىن بىنا قىلىنىشى (3-بابتىن 6-بابقىچە)

3. ئەزرانىڭ سۈرگۈنلەرنىڭ ئىككىنچى تۈركۈملۈك يۇرتىغا قايتىشىغا يىتەكچىلىك قىلىشى (7-، 8-بابلار)

4. ئىسرائىللارنىڭ يەرلىك خەلق بىلەن نىكاھلىنىش مەسىلىسى (9-، 10-بابلار)