«ئەزەكىئەل» قىسقىچە چۈشەندۈرۈش روھانىيلار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان ئەزەكىئەل مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 597-يىلى يەھۇدىيەدىن بابىلغا سۈرگۈن قىلىنىدۇ. مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 593-يىلى خۇدا ئۇنى پەيغەمبەرلىككە تاللايدۇ. ئۇ ئاز دېگەندە 23 يىل پەيغەمبەر بولىدۇ ۋە يېرۇسالېم شەھىرىدىكى يەرەمىيا، بابىل شەھىرىدىكى دانىيال پەيغەمبەرلەر بىلەن زامانداش ياشايدۇ. «مۇقەددەس كىتاب»نىڭ «ئەزەكىئەل» ناملىق بۇ قىسمى خۇدا ئەزەكىئەلنى پەيغەمبەرلىككە تاللىغان تۇنجى غايىبانە ئالامەت بىلەن باشلىنىدۇ. كېيىن ئۇ خۇدا تەرىپىدىن كەلگەن نۇرغۇن ۋەھىي ۋە كۆرسىتىلگەن غايىبانە ئالامەتلەرنى ئۆز خەلقىگە يەتكۈزىدۇ. بەزىدە ئۇ خۇدادىن كەلگەن ۋەھىيلەرنى سۆز بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن كۆرسىتىدۇ. گەرچە ئۇ ۋەھىيلەرنى سۈرگۈندىكى ئىسرائىللارغا يەتكۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما ۋەھىيلەرنىڭ مەزمۇنى سۈرگۈندىكى، شۇنداقلا يەھۇدىيەدە قېلىپ قالغان ئىسرائىللار ھەققىدە بولىدۇ. ئۇ ۋەھىيلىرى ئارقىلىق خەلقنىڭ جازالىنىدىغانلىقى ۋە يېرۇسالېمنىڭ ۋەيران بولىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتىدۇ. ئۇ يەنە ئىسرائىلىيەگە قوشنا بولغان نۇرغۇن ئەللەر ھەققىدىمۇ ۋەھىيلەرنى يەتكۈزىدۇ. تېزىس 1. خۇدانىڭ ئەزەكىئەلنى پەيغەمبەرلىككە تاللىشى (1-بابتىن 3-بابقىچە) |
||