ئەزەكىئەل

 

1

ئەزەكىئەلنىڭ تۇنجى كۆرگەن غايىبانە ئالامىتى

1ھاياتىمنىڭ 30-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى كىبار قانىلى بويىدا سۈرگۈندىكىلەر بىلەن بىرگە ئىدىم. تۇيۇقسىز ئاسمان يېرىلىپ، خۇدانىڭ غايىبانە ئالامەتلەر پەيدا قىلغانلىقىنى كۆردۈم.
2پادىشاھ يوياكىننىڭ سۈرگۈن قىلىنغانلىقىنىڭ 5-يىلى، 4-ئاينىڭ 5-كۈنى*3(بابىلدىكى كىبار قانىلى بويىدا، بۇزىنىڭ ئوغلى ئەزەكىئەلگە پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كەلدى ۋە ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا پەرۋەردىگارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى چۈشتى.)4مەن يۇقىرىغا قارىسام، غايىبانە ئالامەتتە شىمالدىن بوران چىقىۋېتىپتۇ. بوراننىڭ ئىچىدە ئوتتەك يېنىپ تۇرغان چوڭ بىر پارچە بۇلۇت بار ئىدى. ئەتراپى پارلاق نۇرغا تولغانىدى. ئوتنىڭ مەركىزى تاۋلانغان مېتالدەك يالتىرايتتى.5ئوتنىڭ ئىچىدە تۆت مەخلۇق تۇراتتى. كۆرۈنۈشتە ئۇلار ئادەمگە ئوخشايتتى.6ھەربىر مەخلۇقنىڭ ئوخشىمىغان تۆت يۈزى ۋە تۆتتىن قانىتى بار ئىدى.7ئۇلارنىڭ پاچاقلىرى تۈز، پۇتلىرى موزاي تۇياقلىرىدەك بولۇپ، پۇتلىرى خۇددى پارقىرىتىلغان تۇچتەك يالتىرايتتى.8تۆت قانىتىنىڭ ئاستىدا ئادەمنىڭكىدەك قوللىرى بار ئىدى. تۆت يۈزلۈك ۋە تۆت قاناتلىق بۇ تۆت مەخلۇقنىڭ9قاناتلىرى يېيىلغاندا بىر-بىرىنىڭكىگە تېگىشىپ تۇراتتى. ئۇلار ماڭغاندا بۇرۇلمايتتى، پەقەت ئالدىغىلا قاراپ ماڭاتتى.
10بۇ تۆت مەخلۇقنىڭ يۈزلىرى تۆۋەندىكىدەك ئىدى: ئالدىدىن قارىسا ئادەمگە، ئوڭ تەرىپىدىن قارىسا شىرغا، سول تەرىپىدىن قارىسا بۇقىغا، ئارقىسىدىن قارىسا بۈركۈتكە ئوخشايتتى.11مەخلۇقلارنىڭ يۈزلىرى مانا مۇشۇنداق ئىدى. ئۇلارنىڭ بىر جۈپتىن قاناتلىرى يېيىلغان بولۇپ، يېنىدىكىلەرنىڭ قاناتلىرىغا تېگىشىپ تۇراتتى. قالغان بىر جۈپتىن قاناتلىرى بەدەنلىرىنى يېپىپ تۇراتتى.12پەرۋەردىگارنىڭ روھى نەگە بارسا، ئۇلارمۇ شۇ يەرگە باراتتى، ماڭغاندا بۇرۇلماي ئۇدۇل ماڭاتتى.13مەخلۇقلار يالقۇنلاۋاتقان چوغ ياكى مەشئەلگە ئوخشايتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر ئوت ھەرىكەت قىلاتتى. بۇ ئوت چاقناپ تۇراتتى، ئۇنىڭدىن چاقماق چېقىلاتتى.14ئۇلار ئۇ ياق، بۇ ياققا خۇددى چاقماقتەك تېز بېرىپ كېلىشەتتى.
15مەن بۇ مەخلۇقلارغا نەزەر سېلىۋېتىپ، ھەربىر مەخلۇقنىڭ يېنىدا بىردىن چاقنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم، چاقلار يەرگە تېگىپ تۇراتتى.16تۆت دانە چاقنىڭ شەكلىمۇ، تۈزۈلۈشىمۇ ئوخشاش ئىدى. ئۇلار سېرىق ياقۇتتەك جۇلالىنىپ تۇراتتى. ھەربىر چاقنىڭ ئىچىگە يەنە بىردىن چاق توغرىسىغا كىرىشتۈرۈلگەنىدى.17مەخلۇقلار يۈزلىرى قارىغان تۆت تەرەپكە بۇرۇلمايلا ماڭالايتتى.18چاقلارنىڭ چەمبىرەكلىرى ئېگىز ۋە ھەيۋەتلىك بولۇپ، كۆزلەر بىلەن تولغانىدى.19مەخلۇقلار ماڭسا، يانلىرىدىكى چاقلارمۇ بىرگە ماڭاتتى، مەخلۇقلار يەردىن يۇقىرىغا ئۆرلىسە، چاقلارمۇ يۇقىرىغا ئۆرلەيتتى.20روھ نەگە بارسا، چاقلارمۇ شۇ يەرگە باراتتى، چۈنكى مەخلۇقلارنىڭ روھى چاقلاردىمۇ بار ئىدى.21مەخلۇقلار ماڭسا، چاقلارمۇ ماڭاتتى، مەخلۇقلار توختىسا، چاقلارمۇ توختايتتى. مەخلۇقلار يۇقىرى ئۆرلىسە، چاقلارمۇ بىرگە يۇقىرى ئۆرلەيتتى، چۈنكى مەخلۇقلارنىڭ روھى چاقلاردىمۇ بار ئىدى.
22مەخلۇقلارنىڭ بېشى ئۈستىدە خۇددى خىرۇستالدەك كۆزنى قاماشتۇرىدىغان سۇپا بار ئىدى.
23سۇپىنىڭ ئاستىدا تۆت مەخلۇق قاناتلىرىنى يېيىپ تۇرغان بولۇپ، ئىككىدىن قاناتلىرى بىر-بىرىنىڭ قاناتلىرىغا تېگىشىپ تۇراتتى، يەنە بىر جۈپ قاناتلىرى بەدەنلىرىنى يېپىپ تۇراتتى.24ئۇلار ئۇچقان ۋاقتىدا، قاناتلىرىدىن دېڭىز شاۋقۇنىدەك كۈچلۈك ئاۋاز چىقاتتى. ئۇ ئاۋاز خۇددى ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ ئاۋازىغا ياكى بىر قوشۇندىن چىققان شاۋقۇن-سۈرەنگە ئوخشايتتى. مەخلۇقلار توختىغاندا، قاناتلىرىنى يىغاتتى.25ئۇلار توختاپ قاناتلىرىنى يىغقاندا، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى سۇپىنىڭ ئۈستىدىن جاراڭلىغان بىر ئاۋاز كېلەتتى.
26ئۇلارنىڭ بېشى ئۈستىدىكى سۇپىنىڭ ئۈستىدە كۆك ياقۇتتىن ياسالغان تەختكە ئوخشايدىغان بىر نەرسە بار ئىدى. تەختكە ئوخشايدىغان ئۇ نەرسىدە ئادەمگە ئوخشايدىغان بىرى ئولتۇراتتى.27ئۇنىڭ بېلىنىڭ ئۈستىنىڭ ئوتتا قىزارغان مېتالدەك يالتىرايدىغانلىقىنى، تۆت ئەتراپىدا ئوت يېنىپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ بېلىنىڭ ئاستى مەشئەلگە ئوخشايتتى ۋە ئەتراپى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان نۇر بىلەن قورشالغانىدى.28ئۇنىڭ كۆرۈنۈشى يامغۇردىن كېيىن بۇلۇتلار ئارىسىدا پەيدا بولىدىغان ھەسەن-ھۈسەنگە ئوخشايتتى. ئەتراپىدىكى پارلىغان نۇرنىڭ كۆرۈنۈشىمۇ شۇنداق ئىدى. بۇ نۇر پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرىغا ئوخشايتتى. مەن بۇ ئىشلارنى كۆرۈپ، ئۆزۈمنى يەرگە تاشلىدىم ۋە ئارقىدىن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم.


*1: 2مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 593-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.


 

2

ئەزەكىئەلنىڭ پەيغەمبەرلىككە تاللىنىشى

1ئۇ ئاۋاز ماڭا:
_ ئەي ئادەم بالىسى، ئورنۇڭدىن تۇر، مەن ساڭا گەپ قىلماقچىمەن، _ دېدى.
2ئۇ سۆزىنى باشلا باشلىماستىن، روھ ۋۇجۇدۇمغا چۈشۈپ، مېنى ئورنۇمدىن تۇرغۇزدى. مەن ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىدىم.3ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى:
_ ئەي ئادەم بالىسى، مەن سېنى ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئارىسىغا، يەنى ماڭا ئاسىيلىق قىلغان خەلقنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتىمەن. ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمۇ، ئۆزلىرىمۇ ھازىرغىچە داۋاملىق ماڭا قارشىلىق قىلىپ كەلمەكتە.
4بۇ خەلق جاھىل، بوينى قاتتىق خەلقتۇر، مەن سېنى ئۇلارنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتىمەن. سەن ئۇلارغا: «ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ» دەپ جاكارلايسەن.5ئۇ ئاسىي خەلق سۆزلىرىمنى مەيلى ئاڭلىسۇن ياكى ئاڭلىمىسۇن، ئۇلار ھامىنى ئۆزلىرىنىڭ ئارىسىدا بىر پەيغەمبەرنىڭ بولغانلىقىنى بىلىشىدۇ.6ئەي ئادەم بالىسى، ئۇلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ گېپىدىن قورقما. گەرچە ئەتراپىڭنى تىكەن ۋە ئازغانلار قاپلاپ كەتسىمۇ ۋە چايانلارنىڭ ئارىسىدا ياشىساڭمۇ ھودۇقما، سۆزلىرىگە ئېرەن قىلما، ئەلپازلىرىغا قاراپ ئەنسىرىمە، چۈنكى ئۇلار ئاسىي خەلقتۇر.7مەيلى ئۇلار ئاڭلىسۇن ياكى ئاڭلىمىسۇن سۆزلىرىمنى ئۇلارغا يەتكۈز، چۈنكى ئۇلار ئاسىيلاردۇر.8ئەي ئادەم بالىسى، سۆزلىرىمگە قۇلاق سال، ئۇلارغا ئوخشاش ئاسىي بولما. ئاغزىڭنى ئاچ، بېرىدىغىنىمنى يە.
9شۇ چاغدا مەن بىر قولنىڭ ماڭا قاراپ سوزۇلۇۋاتقانلىقىنى، ئۇ قولدا بىر ئورام يازما بارلىقىنى كۆردۈم.10ئۇ قول ئورام يازمىنى ئالدىمدا ئاچتى، ئورام يازمىنىڭ ھەر ئىككىلا يۈزى ھەسرەت، قايغۇ ۋە ماتەم سۆزلىرىگە تولغانىدى.

 

3

1ئۇ ماڭا:
_ ئەي ئادەم بالىسى، ئالدىڭدىكى بۇ ئورام يازمىنى يە، ئاندىن ئۇنىڭدىكى سۆزلەرنى ئىسرائىل خەلقىگە سۆزلەپ بەر، _ دېدى.
2شۇنىڭ بىلەن مەن يازمىنى يېيىش ئۈچۈن ئاغزىمنى ئاچتىم. ئۇ يازمىنى ماڭا بەردى.3ئۇ ماڭا:
_ ئەي ئادەم بالىسى، مەن ساڭا بەرگەن بۇ يازمىنى يە، ئۇنىڭ بىلەن قورسىقىڭنى تويدۇر، _ دېدى. مەن يازمىنى يېدىم، يازما ھەسەلدەك تاتلىق تېتىدى.

4ئاندىن ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى:
_ ئەي ئادەم بالىسى، سەن ئىسرائىل خەلقى ئارىسىغا بار، سۆزلىرىمنى ئۇلارغا يەتكۈز.
5مەن سېنى تىل بىلىشمەيدىغان يات تىلدىكى خەلقنىڭ ئارىسىغا ئەمەس، بەلكى ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتىمەن.6مەن سېنى تىل بىلىشمەيدىغان يات تىللىق خەلقلەرنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتمىدىم. ئەگەر مەن سېنى ھەقىقەتەن شۇنداق خەلقنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتكەن بولسام، ئۇلار چوقۇم سېنىڭ سۆزۈڭگە قۇلاق سالاتتى.7لېكىن پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى بوينى قاتتىق، جاھىل خەلقتۇر، ئۇلار سېنىڭ سۆزلىرىڭگە قۇلاق سالمايدۇ، ھەتتا مېنىڭ سۆزلىرىمگىمۇ قۇلاق سالمايدۇ.8بىراق مەن سېنى ئۇلاردىنمۇ جاھىل، بوينۇڭنى ئۇلارنىڭ بوينىدىنمۇ قاتتىق قىلىمەن.9مەن سېنى چاقماق تېشىدىن، ھەتتا ئەڭ قاتتىق تاشتىنمۇ قاتتىق قىلىمەن. گەرچە ئۇلار ئاسىي بولسىمۇ، ئۇلاردىن قورقما، ئۇلارنىڭ ئەلپازلىرىغا قاراپ ھولۇقما.
10ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:
_ ئەي ئادەم بالىسى، سۆزلىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلا، ئېسىڭدە مەھكەم تۇت.
11سۈرگۈندىكى قېرىنداشلىرىڭنىڭ ئارىسىغا بار، ئۇلار سېنىڭ سۆزۈڭگە قۇلاق سالسۇن ياكى سالمىسۇن، سەن ئۇلارغا: «ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ» دەپ جاكارلا.
12شۇ چاغدا روھ مېنى ئېگىز كۆتۈردى. پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى ئورنىدىن كۆتۈرۈلگەن دەل شۇ پەيتتە، كەينىمدىن گۈلدۈرمامىدەك ھەيۋەتلىك بىر سادانىڭ چىقىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم.13بۇ مەخلۇقلارنىڭ قاناتلىرىنىڭ بىر-بىرىگە تېگىشىشىدىن چىققان ئاۋاز ھەمدە ئۇلارنىڭ يېنىدىكى چاقتىن چىققان گۈلدۈرلىگەن سادا ئىدى.14روھ مېنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ ماڭدى. ئىچىم سىقىلىپ، ئاچچىقلاندىم. لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى مېنى قاماللىۋالغانىدى.15مەن كىبار قانىلىنىڭ بويىدىكى تېلابىبتا سۈرگۈندە ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئارىسىغا كەلدىم. مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھەيرانلىقتىن ھاڭۋىقىپ، يەتتە كۈن ئولتۇردۇم.

ئەزەكىئەلنىڭ ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆزەتچىلىكىگە تەيىنلىنىشى

16يەتتە كۈندىن كېيىن پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
17_ ئەي ئادەم بالىسى، مەن سېنى ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆزەتچىسى قىلدىم، مەندىن ئاڭلىغان سۆزلەرنى ئۇلارغا يەتكۈزۈپ، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇر.18ئەگەر مەن رەزىل كىشىگە: «سەن چوقۇم ئۆلىسەن» دېسەم، لېكىن سەن ئۇنىڭ يامان يولدىن قايتىپ ھايات قېلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلمىساڭ ياكى ئۇنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويمىساڭ، ئۇ گۇناھلىرى سەۋەبىدىن ھالاك بولىدۇ. مەن سەندىن ئۇنىڭ قېنى ئۈچۈن ھېساب ئالىمەن.19ئەگەر سەن ئۇنى ئاگاھلاندۇرساڭ، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ رەزىللىكلىرى ۋە يامان يولىدىن يانمىسا، ئۇ ئۆزىنىڭ گۇناھى سەۋەبىدىن ھالاك بولىدۇ. لېكىن سەن ئۆزۈڭنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزغان بولىسەن.
20ئەگەر بىر ھەققانىي ئادەم ھەق يولىدىن يېنىپ، رەزىللىك قىلسا، ئۇنى پۇتلايمەن، ئۇ چوقۇم ھالاك بولىدۇ. ئەگەر سەن ئۇنى ئاگاھلاندۇرمىغان بولساڭ، ئۇ ئۆز گۇناھى سەۋەبىدىن ھالاك بولىدۇ. ئۇنىڭ بۇرۇن قىلغان ھەققانىي ئىشلىرىمۇ ھېسابقا ئېلىنمايدۇ. مەن سەندىن ئۇنىڭ قېنى ئۈچۈن ھېساب ئالىمەن.21ئەگەر سەن ئۇنى گۇناھ سادىر قىلماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان بولساڭ، ئۇ سېنىڭ نەسىھەتىڭنى ئاڭلاپ گۇناھتىن قول ئۈزگەن بولسا، ئۇ چوقۇم ھايات قالىدۇ، سەنمۇ ئۆزۈڭنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزغان بولىسەن.
22پەرۋەردىگارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى يەنە ۋۇجۇدۇمغا چۈشتى. ئۇ ماڭا:
_ ئورنۇڭدىن تۇر، تۈزلەڭلىككە بار. مەن سەن بىلەن شۇ يەردە سۆزلىشىمەن، _ دېدى.

23مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ، تۈزلەڭلىككە باردىم. قارىسام، پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى شۇ يەردە توختاپتۇ. پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى كىبار قانىلى بويىدا كۆرگىنىم بىلەن ئوخشاش ئىدى. مەن دەرھال ئۆزۈمنى يەرگە تاشلىدىم.24بۇ چاغدا روھ ئىچىمگە كىرىپ، مېنى ئورنۇمدىن تۇرغۇزدى. ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى:
_ ئۆيۈڭگە كېتىپ، ئۆزۈڭنى ئۆيۈڭگە سولا.
25ئەي ئادەم بالىسى، سەن ئارغامچا بىلەن باغلانغاندەك باغلىنىسەن، شۇنىڭ بىلەن سەن ئادەملەر ئارىسىغا بارالمايسەن.26سېنىڭ بۇ ئاسىي خەلقنى ئەيىبلىيەلمەسلىكىڭ ئۈچۈن، مەن تىلىڭنى تاڭلىيىڭغا چاپلاپ، سېنى گاچا قىلىپ قويىمەن. ئۇلار ئاسىي خەلقتۇر.27لېكىن مېنىڭ ئۇلارغا دەيدىغان سۆزۈم بولغاندا، تىلىڭنى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن. سەن ئۇلارغا: «ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ» دەپ جاكارلايسەن. سۆزۈڭنى خالىغانلار ئاڭلايدۇ، خالىمىغانلار ئاڭلىمايدۇ، چۈنكى ئۇلار ئاسىي بىر خەلقتۇر.

 

4

يېرۇسالېمنىڭ مۇھاسىرىگە ئېلىنىشىنىڭ بېشارىتى

1_ ئەي ئادەم بالىسى، بىر دانە كېسەك ئەكېلىپ، ئۇنى ئالدىڭغا قوي ۋە ئۇنىڭ ئۈستىگە يېرۇسالېم شەھىرىنى ئويۇپ چىق.2ئاندىن ئويۇلغان شەھەرنىڭ مۇھاسىرىدە قالغانلىقىغا ئىشارە قىلىپ، ئەتراپىغا سېپىلغا چىقىدىغان ئىنشائاتلارنى ياسا، توپا دۆۋىلە، بارگاھ قۇر، قوۋۇقبۇزار ئورۇنلاشتۇر.3قولۇڭغا بىر تاۋا ئېلىپ، ئۇنى سەن بىلەن شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا تۆمۈر تام سۈپىتىدە تىكلەپ قوي. ئاندىن شەھەرگە يۈزلەن، شەھەر قورشاۋغا ئېلىنغان ھالەتتە بولسۇن، شەھەرنى سەن قورشاۋغا ئالىسەن. بۇ ئىسرائىل خەلقىگە بېرىلگەن بىر بېشارەت بولىدۇ.
4ئاندىن سول يېنىڭنى بېسىپ يېتىپ، ئىسرائىل خەلقىنىڭ گۇناھلىرىنى ئۈستۈڭگە ئال. سول يېنىڭنى بېسىپ ياتقان ھەربىر كۈن سەن ئۈستۈڭگە ئالغان ئىسرائىللارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ يىل سانى بولىدۇ.5ئۇلار قانچە يىل گۇناھ قىلغان بولسا، سەن شۇنچە كۈن سول يېنىڭچە ياتىسەن. سەن ئىسرائىل خەلقىنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن 390 كۈن سول يېنىڭنى بېسىپ ياتىسەن.6ئاندىن سەن 40 كۈن ئوڭ يېنىڭنى بېسىپ يېتىپ، يەھۇدىيە خەلقىنىڭ گۇناھلىرىنى ئۈستۈڭگە ئالىسەن. سەن يېنىڭنى بېسىپ ياتقان كۈنلەرنىڭ سانى ئۇلارنىڭ گۇناھ ئۆتكۈزگەن يىللىرىنىڭ سانىدۇر.7ئاندىن قورشاۋ ئاستىدىكى يېرۇسالېمغا يۈزلەن، يېڭىڭنى تۈرۈپ، بۇ شەھەرگە قارشى بېشارەت بەر.8شەھەرنى قورشاۋغا ئېلىش مۇددىتى توشمىغۇچە، ئوڭ، سول تەرىپىڭنى ئالماشتۇرۇۋالماسلىقىڭ ئۈچۈن، سېنى ئارغامچا بىلەن باغلاپ قويىمەن.
9نان قىلىش ئۈچۈن ئارپا، پۇرچاق، ماش، تېرىق ۋە ھەر خىل بۇغدايلارنى كومزەككە قاچىلىۋال، بۇلارنى 390 كۈن يېنىڭچە ياتقان ۋاقتىڭدا ئوزۇق قىلىسەن.11-10 ھەر كۈنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا يەيدىغان نەرسەڭنىڭ مىقدارى بىر قاچا تاماق، بىر كاسا سۇ بولىدۇ.12باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئوتۇن ئورنىغا ئادەم تېزىكى ئىشلىتىپ، نان پىشۇرىسەن.
13پەرۋەردىگار يەنە:
بۇ مەن ئىسرائىللارنى ياقا يۇرتلارغا سۈرگۈن قىلغاندا، ئۇلارنىڭ ھارام يېمەكلىكلەرنى يەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، _ دېدى.
14مەن:
_ ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، مەن ئەزەلدىن ئۆزۈمنى بۇلغاپ باقمىدىم! مەن بالا ۋاقتىمدىن تاكى ھازىرغىچە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ياكى يىرتقۇچ ھايۋانلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى ۋە باشقا ھارام گۆشلەرنى ئاغزىمغا ئېلىپ باقمىدىم، _ دېدىم.
15ئۇ ماڭا:
_ بولىدۇ، ئادەم تېزىكى ئورنىغا كالا تېزىكى ئىشلىتىشىڭگە رۇخسەت قىلاي، _ دېدى.
16ئۇ يەنە:
_ ئەي ئادەم بالىسى، مەن يېرۇسالېمنىڭ ئاشلىق مەنبەسىنى ئۈزۈپ تاشلايمەن. ئۇلار نورمىلىق يېمەكلىكلىرى ۋە سۇلىرىنى تەشۋىش ۋە قورقۇنچ بىلەن يەپ-ئىچىشىدۇ.
17ئۇلارنىڭ ئاشلىقى ۋە سۈيى كەمچىل بولىدۇ. ئۇلار ۋەھىمە ئىچىدە بىر-بىرىگە قارىشىدۇ، ئاخىرى گۇناھلىرى سەۋەبىدىن ماغدۇرسىزلىنىپ ھالاك بولۇشىدۇ، _ دېدى.

 

5

پەرۋەردىگارنىڭ ئۇستىرىسى

1_ ئەي ئادەم بالىسى، بېرىپ بىر دانە ئۆتكۈر خەنجەر ئەكەل، ئۇنى ئۇستىرا ئورنىدا ئىشلىتىپ، چاچ ۋە ساقاللىرىڭنى چۈشۈر. ئاندىن چۈشۈرۈلگەن چاچ-ساقىللىرىڭنى تارازىدا تارتىپ، ئۈچكە بۆل.2شەھەرنى قورشاش ۋاقتى توشقاندىن كېيىن، چېچىڭنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى كېسەككە ئويۇلغان شەھەردە كۆيدۈر. ئىككىنچى ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئويۇلغان شەھەرنىڭ سىرتىدا خەنجەر بىلەن توغرا. ئۈچىنچى ئۈچتىن بىر قىسمىنى شامالدا ئۇچۇرۇۋەت. چۈنكى مەن قىلىچىمنى سۇغۇرۇپ، خەلقىمنى كەينىدىن قوغلايمەن.3لېكىن ئۈچىنچى قىسمىدىن بىرئاز قالدۇرۇپ قويۇپ، ئۇنىڭ بىرقانچە تېلىنى چاپىنىڭنىڭ پېشىگە تۈگۈۋال.4قالغانلىرىنى ئوتتا كۆيدۈر. ئوت مۇشۇ يەردىن باشلىنىپ، پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىگە تۇتىشىدۇ.
5مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: «مانا بۇ يېرۇسالېمنىڭ تەقدىرىدۇر! مەن يېرۇسالېمنى باشقا ئەللەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويغانىدىم، ئەتراپىدا باشقا ئەللەر بار ئىدى.6لېكىن يېرۇسالېم رەزىللىك قىلىپ، قانۇن ۋە بەلگىلىمىلىرىمگە قوشنا ئەللەردىن بەكرەك خىلاپلىق قىلدى. ئۇ مېنىڭ قانۇن ۋە بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلىشنى رەت قىلدى.7شۇڭا مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار يېرۇسالېمغا شۇنداق دەيمەنكى، سەن ئەتراپىڭدىكى باشقا ئەللەرگە قارىغاندا بەكرەك ئىتائەتسىزدۇرسەن. سەن مېنىڭ قانۇن ۋە بەلگىلىمىلىرىمگە رىئايە قىلمىدىڭ، قانۇن ۋە بەلگىلىمىلىرىمگە رىئايە قىلىشتا قوشنا ئەللەرگىمۇ يەتمىدىڭ.8ئەي يېرۇسالېم، مەن ساڭا قارشى تۇرىمەن، سېنى باشقا ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا جازالايمەن.9يىرگىنچلىك بۇتلىرىڭنىڭ سەۋەبىدىن بۇرۇنمۇ بولۇپ باقمىغان ھەم بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بولمايدىغان جازا بىلەن جازالايمەن.10ئاتا-ئانىلار ئۆز بالىلىرىنى، بالىلار ئۆز ئاتا-ئانىلىرىنى يەيدۇ. مەن سېنى جازالايمەن. بارلىق ھايات قالغانلارنى ھەر يەرگە چېچىۋېتىمەن.
11مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سەن يىرگىنچلىك بۇت ۋە رەزىل قىلمىشلىرىڭ بىلەن مېنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانامنى بۇلغىغانلىقىڭ ئۈچۈن، مەن سېنى ئاياپ قويمايمەن، ساڭا شاپائەت قىلمايمەن ھەم ئىچ ئاغرىتمايمەن.12سەندىكى خەلقنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ۋابا ۋە ئاچارچىلىقتا ئۆلتۈرىمەن، ئىككىنچى ئۈچتىن بىر قىسمىنى شەھەر سىرتىدا قىلىچ ئاستىدا ھالاك قىلىمەن، قالغان ئۈچتىن بىر قىسمىنى ھەر يەرگە چېچىۋېتىمەن ھەم قىلىچىمنى كۆتۈرۈپ ئارقىسىدىن قوغلايمەن.13شۇندىلا ساڭا بولغان غەزىپىم بېسىلىپ، ئاچچىقىم يانىدۇ ۋە ئۆزۈمنى راھەت ھېس قىلىمەن. غەزىپىم ئۈستۈڭگە چۈشكەن ۋاقىتتا، مېنىڭ سۆزلىرىمنىڭ سېنى ياخشى كۆرگەنلىكىمدىن دېيىلگەنلىكىنى بىلىپ قالىسەن.
14ئەتراپىڭدىكى خەلقلەر ۋە يولدىن ئۆتكەن-كەچكەنلەر كۆز ئالدىدىكى خارابىلىكنى كۆرۈپ، سېنى مازاق قىلىشىدۇ.15مەن غەزەپ بىلەن ئۈستۈڭدىن ھۆكۈم چىقىرىپ، سېنى ئاچچىقىم بىلەن قاتتىق جازالىغان ۋاقتىمدا، قوشنا ئەللەر تەرىپىدىن خورلۇق ۋە مەسخىرىگە قالىسەن. قوشنا ئەللەر سېنىڭ ئېچىنىشلىق ھالىتىڭدىن ئىبرەت ئالىدۇ. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن، بۇ مېنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىمدۇر.16مەن ساڭا ئاچارچىلىقنىڭ ۋەيران قىلغۇچى زەھەرلىك ئوقىنى ئېتىپ، سېنى يوقىتىمەن. ئاچارچىلىق بارغانچە ئېغىرلىشىدۇ، يېمەك-ئىچمەك مەنبەسى ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ.17ئاچارچىلىق ۋە يىرتقۇچ ھايۋانلار بىلەن ساڭا ھۇجۇم قىلىمەن، سەندىكى خەلقنىڭ پەرزەنتلىرىنى ھالاك قىلىمەن. ۋابا ۋە تۆكۈلگەن قان سېنى ھالاك قىلىدۇ. بېشىڭدىمۇ قىلىچ ئوينىتىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»

 

6

بۇتپەرەسلەرنىڭ جازالىنىشى

1پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
2_ ئەي ئادەم بالىسى، ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرىغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ، ئۇلارغا قارشى ۋەھىيىمنى يەتكۈز3ۋە ئۇلارغا مۇنداق دەپ ئېيت: «ئەي ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرى، ئىگىمىز پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار. ئەي تاغلار، ئېدىرلار، جىرالار ۋە جىلغىلار، پەرۋەردىگار سىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن سىلەرگە قارشى قىلىچ ئەۋەتىمەن. سىلەردىكى غەيرىي سەجدىگاھلارنى ۋەيران قىلىمەن.4قۇربانلىق سۇپىلىرىنى بۇزۇۋېتىمەن، ئىسرىقدانلارنى چېقىۋېتىمەن! مەن سىلەردە ياشايدىغان خەلقنى بۇتلىرى ئالدىدا ھالاك قىلىمەن.5ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى بۇتلىرىنىڭ ئالدىدا قالىدۇ، سۆڭەكلىرىنى قۇربانلىق سۇپىلىرىنىڭ ئەتراپىغا چېچىۋېتىمەن.6خەلقىم ياشايدىغان شەھەرلەر ۋە غەيرىي سەجدىگاھلار خارابىلىككە ئايلىنىدۇ، قۇربانلىق سۇپىلىرى چۇۋۇۋېتىلىدۇ، بۇتلىرى بۇزۇۋېتىلىدۇ ۋە ئىسرىقدانلىرى چېقىپ تاشلىنىدۇ، يەنى خەلقىم ياسىغان ھەممە نەرسە ۋەيران قىلىنىدۇ.7ھەممە يەرنى ئۆلۈك قاپلايدۇ. شۇندىلا خەلقىم مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىدۇ.
8لېكىن مەن خەلقىمنىڭ بىر قىسمىنى ھايات قالدۇرىمەن. ئۇلار قىلىچتىن ئامان قېلىپ، يات ئەللەردە ناتونۇش خەلقلەر ئارىسىدا ياشايدۇ.9ئۇلار باشقا ئەللەردە سۈرگۈندە يۈرگەن مەزگىللىرىدە، كۆڭلۈمگە قانچىلىك ئازار بېرىشكەنلىكلىرىنى ئەسلىشىدۇ، چۈنكى ئۇلار ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلىپ ۋە مەندىن يۈز ئۆرۈپ، ئۈمىدلىرىنى بۇتلارغا باغلىغانىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يىرگىنچلىك قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن ئۆزلىرىدىن يىرگىنىدۇ.10شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ. مېنىڭ ئۇلارغا ئاپەت چۈشۈرىمەن دېگىنىم ھەرگىز قۇرۇق گەپ ئەمەستۇر.›»
11ئەي ئەزەكىئەل، مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار ساڭا مۇنداق دەيمەن: «سەن مەيدەڭنى ئۇرۇپ، يەرنى تېپىپ تۇرۇپ: ‹ئىسىت، ئىسىت!› دەپ ۋارقىرا. ئۇلار قىلغان بارلىق رەزىل ۋە يىرگىنچلىك قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن قىلىچتا، ئاچارچىلىق ۋە ۋابادا ئۆلىدۇ.12يىراقتىكىلىرى ۋابادا، يېقىندىكىلىرى قىلىچتا، قالغانلىرى ئاچارچىلىقتا ئۆلىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قەھرىمنى چاچىمەن.13ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ بۇتلىرى ۋە قۇربانلىق سۇپىلىرى ئەتراپىدا، ئېگىزلىكلەردە، تاغ چوققىلىرىدا، ھەربىر بۈك-باراقسان دەرەخلەرنىڭ ۋە پىستە دەرەخلىرىنىڭ ئاستىدا، شۇنداقلا بۇتلىرىغا خۇش پۇراقلىق قۇربانلىقلار سۇنغان ھەر يەردە قالىدۇ. شۇ چاغدا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.14مەن ئۇلارنى جازالاش ئۈچۈن قول كۆتۈرىمەن. ئۇلار ياشاۋاتقان ھەممە يەرلەرنى، يەنى جەنۇبتىكى چۆللۈكتىن تاكى شىمالدىكى رىبلاھ شەھىرىگىچە بولغان يەرلەرنى قاقاسلىققا ئايلاندۇرىمەن. شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.»

 

7

ئىسرائىلىيەنىڭ تۈگىشىدىغان كۈنى

1پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
2_ ئەي ئادەم بالىسى، مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار ئىسرائىل زېمىنىغا مۇنداق دەيمەن: «تۈگىشىدىغان ۋاقىت-سائىتىڭ كەلدى، پۈتۈن ئىسرائىل زېمىنىنىڭ تۈگىشىدىغان ۋاقىت-سائىتى كەلدى!3ئەي ئىسرائىل زېمىنى، تۈگىشىدىغان ۋاقتىڭ كەلدى، ساڭا غەزەپ قىلىمەن. مەن تۇتقان يولۇڭ ئۈچۈن ئۈستۈڭدىن ھۆكۈم چىقىرىمەن، سېنىڭ يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىڭ ئۈچۈن سېنى جازالايمەن.4مەن سېنى ئاياپ قويمايمەن، ساڭا ئىچ ئاغرىتمايمەن، سېنى تۇتقان يولۇڭ ۋە يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىڭ ئۈچۈن جازالايمەن. شۇندىلا سەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسەن.»
5مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيمەن: «قارا، ئاپەت كەلمەكتە، ئاپەتلەر كەينى-كەينىدىن كەلمەكتە.6تۈگىشىدىغان ۋاقتىڭ كەلدى، سېنىڭ تۈگىشىدىغان ۋاقتىڭ كەلدى! ئۇ ئويغاندى، مانا، بالايىئاپەت كەلدى!7ئەي ئىسرائىل زېمىنىدا ياشاۋاتقانلار، ھالاك بولىسىلەر! ۋاقتىڭلار توشتى، كۈنۈڭلار تۈگىدى، ئەمدى تاغلاردا خۇشاللىق ئورنىغا داد-پەرياد چۇقانلىرى ئاڭلىنىدۇ.8سىلەرگە ئەمدى غەزىپىمنى ياغدۇرۇپ، ئاچچىقىمنى چىقىرىمەن. سىلەرنى گۇناھىڭلار سەۋەبلىك سوراققا تارتىمەن ۋە يىرگىنچلىك قىلمىشىڭلار ئۈچۈن جازالايمەن.9ئەمدى مەن سىلەرنى ئاياپ قويمايمەن، ئىچ ئاغرىتمايمەن. سىلەر تۇتقان يولۇڭلار ۋە يىرگىنچلىك قىلمىشىڭلار ئۈچۈن جازالىنىسىلەر. شۇندىلا سىلەر، سىلەرنى جازالىغۇچىنىڭ مەن پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر.
10قاراڭلار، ئاپەت كۈنى كەلدى، سىلەرنىڭ تۈگىشىدىغان ۋاقتىڭلار كەلدى! زوراۋانلىق ۋە مەغرۇرلۇق چېچەكلىمەكتە.11زوراۋانلىق رەزىللەرنى ساۋايدىغان بىر تاياققا ئايلاندى. ئىسرائىللاردىن بىرسىمۇ ئامان قالمايدۇ، ئۇلارنىڭ بايلىقى ۋە شان-شەرىپىمۇ يوقىلىدۇ.12ئۇلارنىڭ ۋاقىت-سائىتى توشتى، ئاپەت كۈنى كەلدى. سېتىۋالغۇچىلار خۇشال بولمىسۇن، ساتقۇچىلارمۇ ئۆكۈنمىسۇن، چۈنكى مېنىڭ غەزىپىم پۈتۈن خەلقىمنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ.13ئۆز يەرلىرىنى ساتقۇچىلار ھايات قالسىمۇ، لېكىن ساتقان يەرلىرىنى قايتۇرۇۋالالمايدۇ. چۈنكى پۈتۈن خەلق ھەققىدە بېرىلگەن بۇ بېشارەت چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئۇلار گۇناھلىرى سەۋەبىدىن ئۆز ھاياتلىرىنى ساقلاپ قالالمايدۇ.14گەرچە ئۇلار بۇرغا چېلىپ، ئۇرۇشقا تەييار بولغان بولسىمۇ، لېكىن ھېچكىم جەڭگە چىقىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ، چۈنكى مېنىڭ غەزىپىم ھەممە ئادەمنىڭ بېشىغا كېلىدۇ.
15شەھەر سىرتىدا ئۇرۇش، شەھەر ئىچىدە ۋابا ۋە ئاچارچىلىق بولىدۇ. شەھەر سىرتىدىكىلەر قىلىچتا، شەھەر ئىچىدىكىلەر ئاچارچىلىق ۋە ۋابادا ئۆلىدۇ.16ھايات قېلىپ، تاغقا قېچىپ چىقىۋالغانلار ئازابتىن خۇددى كەپتەردەك بۇقۇلدايدۇ، گۇناھلىرى سەۋەبىدىن زارلايدۇ.17ئۇلارنىڭ قوللىرىنىڭ مادارى قالمايدۇ، قورققانلىقلىرىدىن تېقىملىرىغا سىيىۋېتىشىدۇ.18ئۇلار ماتەملىك كىيىم كىيىپ، لاغىلداپ تىترەيدۇ، نومۇس تۇيغۇسى يۈزىنى قاپلايدۇ، ھازا تۇتۇشۇپ، چاچلىرىنى چۈشۈرۈشىدۇ.19كۈمۈشلەر كوچىلارغا تاشلىۋېتىلىدۇ، ئالتۇنلار ناپاك دەپ قارىلىدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگار غەزىپىنى ياغدۇرغان كۈنى ئالتۇن-كۈمۈشلەر ئۇلارنى قۇتقۇزالمايدۇ، قورسىقىنى تويدۇرالمايدۇ، نەپسىنى قاندۇرالمايدۇ. ئالتۇن-كۈمۈشلەر ئۇلارنى گۇناھقا پاتۇردى.20ئۇلار گۈزەل بېزەك بۇيۇملىرىدىن مەغرۇرلىنىپ، ئۇلاردىن يىرگىنچلىك بۇتلارنى ياساشقانىدى. شۇڭا مەن بۇ نەرسىلەرنى ئۇلار ئۈچۈن ناپاك نەرسىگە ئايلاندۇرىمەن.21مەن بۇ نەرسىلەرنى يات خەلقلەرنىڭ غەنىيمىتىگە، رەزىللەرنىڭ ئولجىسىغا ئايلاندۇرىمەن. ئۇلار ئىسرائىللارنىڭ بۇ مال-مۈلكىنى ناپاك قىلىدۇ.22مەن خەلقىمدىن يۈز ئۆرۈيمەن. شۇنىڭ بىلەن يات خەلقلەر مېنىڭ قەدىرلىك يېرىمگە ھۆرمەتسىزلىك قىلىدۇ ۋە قاراقچىلار ئۇنىڭغا باستۇرۇپ كىرىپ، ئۇنى بۇلغايدۇ.
23خەلقىمگە زەنجىرلەر تەييارلانسۇن. بۇ زېمىن قاتىللىققا تولدى، شەھەرنى زوراۋانلىق قاپلىدى.24مەن ئەڭ رەزىل يات خەلقلەرنى باشلاپ كېلىمەن. ئۇلار خەلقىمنىڭ تۇرالغۇلىرىنى ئىگىلەيدۇ. مەن چوقۇم ئىسرائىل ھوقۇقدارلىرىنىڭ مەغرۇرلۇقىنى سۇندۇرىمەن. ئىسرائىللارنىڭ سەجدىگاھلىرى دەپسەندە بولىدۇ.25ۋەھىمىلىك كۈن كېلىدۇ، خەلقىم ئامانلىق ئىستەيدۇ، لېكىن ئامانلىققا ئېرىشەلمەيدۇ.26ئاپەت ئارقا-ئارقىدىن كېلىدۇ، شۇم خەۋەر ئۈزلۈكسىز تارقىلىدۇ. ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلەرنى ئىزدىشى بىھۇدىدۇر. ئۇلار روھانىيلاردىن تەلىم، ئاقساقاللاردىن مەسلىھەت ئالالمايدۇ.27پادىشاھ ماتەم تۇتىدۇ، يېتەكچىلىرى ئۈمىدسىزلىنىدۇ، پۇقرالارنىڭ قوللىرى تىترەيدۇ. مەن ئۇلارنى قىلمىشلىرىغا لايىق جازالايمەن. ئۇلار باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن قانداق ھۆكۈم چىقارغان بولسا، مەنمۇ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن شۇنداق ھۆكۈم چىقىرىمەن. شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.»

 

8

ئىبادەتخانىدىكى بۇتپەرەسلىك

1سۈرگۈندىكى ۋاقتىمىزنىڭ 6-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى*، مەن ئۆيۈمدە يەھۇدىيەلىك ئاقساقاللار بىلەن ئولتۇراتتىم. تۇيۇقسىز ۋۇجۇدۇمغا ئىگەم پەرۋەردىگارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى چۈشتى.2قارىسام، ئالدىمدا تۇرقى ئادەمگە ئوخشايدىغان بىر شەكىل تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ بېلىنىڭ ئاستى تەرىپى ئوتقا، ئۈستى تەرىپى ئوتتا قىزارغان مېتالغا ئوخشايتتى.3ئۇ چېچىمدىن تۇتتى. چېچىمدىن تۇتقىنى ئادەمنىڭ قولىغا ئوخشايتتى. ئاندىن روھ مېنى غايىبانە ئالامەتنىڭ ئىچىدە كۆتۈرۈپ، يەر بىلەن ئاسماننىڭ ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ ماڭدى ۋە مېنى يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكى ھويلىسىنىڭ شىمالىي دەرۋازىسىغا ئېلىپ باردى. ئۇ يەردە بىر بۇت بولۇپ، ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ قەھر-غەزىپىنى قوزغايتتى، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى قىزغىناتتى.4‏ مەن ئۇ يەردە تۇيۇقسىز ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ پارلاق نۇرىنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇ نۇر مەن تۈزلەڭلىكتە كۆرگەن نۇر بىلەن ئوخشاش ئىدى.5ئۇ ماڭا:
_ ئەي ئادەم بالىسى، شىمالغا قارا، _ دېدى.

مەن شىمالغا قارىدىم، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزغايدىغان بۇتنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى دەرۋازىنىڭ شىمالىدا تۇرغانلىقىنى كۆردۈم.
6ئۇ ماڭا يەنە:
_ ئەي ئادەم بالىسى، سەن ئىسرائىللارنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىنى كۆردۈڭمۇ؟ ئۇلار بۇ يەردە ئاشۇنداق يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلىپ، مېنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانامدىن يىراقلىشىشىمغا سەۋەب بولدى. سەن يەنە تېخىمۇ يىرگىنچلىك بولغان ئىشلارنى كۆرىسەن، _ دېدى.

7ئۇ مېنى ھويلا دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا ئاپاردى، ھويلا تېمىدا بىر كامارنىڭ بارلىقىنى بايقىدىم.8ئۇ ماڭا:
_ ئەي ئادەم بالىسى، سەن بۇ ھويلا تېمىنى تەش، _ دېدى. مەن تامنى تەشكەندىن كېيىن، بىر ئىشىكنى بايقىدىم.
9ئۇ ماڭا:
_ سەن مۇشۇ ئىشىكتىن كىرىپ، ئۇلارنىڭ ئۇ يەردە قانداق رەزىل ۋە يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆر، _ دېدى.

10مەن كىرىپ كۆردۈمكى، ئەتراپتىكى تاملارنىڭ ھەممىسىگە ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلار ۋە باشقا يىرگىنچلىك ھايۋانلار بىلەن ئىسرائىللار چوقۇنىدىغان بۇتلارنىڭ شەكىللىرى ئويۇلۇپتۇ.11بۇتلارنىڭ ئالدىدا ئىسرائىللارنىڭ يەتمىش نەپەر ئاقساقىلى تۇراتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا شافاننىڭ ئوغلى يائازانيامۇ بار ئىدى. ئۇلار قوللىرىغا ئىسرىقدان ئېلىۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن خۇشبۇي ئىس ئۆرلەپ تۇراتتى.
12ئۇ يەنە ماڭا مۇنداق دېدى:
_ ئەي ئادەم بالىسى، ئىسرائىل ئاقساقاللىرىنىڭ بۇتلىرى بىلەن يوشۇرۇنچە نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈڭمۇ؟ ئۇلار: «بىزنى پەرۋەردىگار كۆرمەيدۇ، پەرۋەردىگار زېمىنىمىزدىن ئاللىقاچان ۋاز كەچتى» دەپ ئويلايدۇ.
13ئۇ يەنە:
_ ئۇلارنىڭ تېخى بۇنىڭدىنمۇ يىرگىنچلىك ئىشلىرىنى كۆرىسەن، _ دېدى.

14ئۇ مېنى ئىبادەتخانىنىڭ شىمالىي دەرۋازىسىغا ئەكەلدى. ئۇ يەردە بىر قىسىم ئاياللارنىڭ تاممۇز*ئىلاھىغا ھازا تۇتۇۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.15ئۇ ماڭا:
_ ئەي ئادەم بالىسى، كۆردۈڭمۇ؟ سەن بۇنىڭدىنمۇ يىرگىنچلىك ئىشلارنى كۆرىسەن، _ دېدى.

16ئاندىن ئۇ مېنى ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكىرىكى ھويلىسىغا باشلاپ كىردى. ئىبادەتخانا ئالدىدا، يەنى تاشقىرىقى خانا بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئارىلىقىدا تەخمىنەن 25 ئادەم پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا كەينىنى قىلىپ، كۈنچىقىش تەرەپكە يۈزلىنىپ، قۇياشقا سەجدە قىلىۋاتاتتى.17ئۇ يەنە ماڭا:
_ ئەي ئادەم بالىسى، كۆردۈڭمۇ؟ يەھۇدىيە خەلقىنىڭ بۇ يىرگىنچلىك ئىشلىرى كىچىك ئىشمۇ؟ ئۇلار پۈتۈن زېمىندا زورلۇق-زومبۇلۇق قىلىپ، غەزىپىمنى تېخىمۇ قوزغىدى. ئۇلار مېنى مەنسىتمەي، قوللىرىدا شاخ تۇتۇپ، بۇتقا چوقۇندى.
18شۇڭا مەن ئۇلارغا غەزەپ قىلىمەن، ئۇلارنى ئاياپ ئولتۇرمايمەن، ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتمايمەن، ئۇلار قاتتىق نالە قىلسىمۇ، ئەمدى پەرۋا قىلمايمەن، _ دېدى.


*8: 1مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 592 يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.

*8: 14تاممۇز ئىلاھى بابىللىقلارنىڭ ئۆسۈملۈك ئىلاھى بولۇپ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ھەر يىلى كۈز كېلىپ، تاممۇز ئىلاھى ئۆلگەندە، ئۆسۈملۈكلەرمۇ قۇرۇپ قالارمىش.


 

9

بۇتپەرەسلەرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى

1مەن پەرۋەردىگارنىڭ ۋارقىراپ تۇرۇپ: «ئەي بۇ شەھەرنى جازالىغۇچىلار، قوراللىرىڭلارنى ئېلىپ كېلىڭلار!» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم.2ئاندىن شىمالدىكى يۇقىرى دەرۋازىدىن ئالتە ئادەمنىڭ كىرگەنلىكىنى كۆردۈم، قوللىرىدا ئەجەللىك قورال بار ئىدى. ئارىسىدىكى بىرسى زىغىر رەختتىن كىيىم كىيىپ، يېنىغا كاتىپلىق قوراللىرى ئېسىۋالغانىدى. ئۇلار ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىسىدىكى تۇچ بىلەن قاپلانغان قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا تۇرۇشتى.
3شۇ ئەسنادا، ئالتۇندىن ياسالغان ئىككى كېرۇبنىڭ ئۈستىدە تۇرىدىغان ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ پارلاق نۇرى ئىبادەتخانىدىكى جايىدىن كۆتۈرۈلۈپ، بوسۇغىغا كەلدى. پەرۋەردىگار زىغىر رەختتىن كىيىم كىيىپ، يېنىغا كاتىپلىق قوراللىرى ئېسىۋالغان ئادەمنى چاقىرىپ،4ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «سەن بېرىپ، يېرۇسالېمنى ئايلىنىپ، شەھەردە بولۇۋاتقان يىرگىنچلىك ئىشلارغا ئېچىنىپ، پەرياد قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ پېشانىسىگە بەلگە سېلىپ قوي.»
5ئاندىن مەن پەرۋەردىگارنىڭ باشقىلارغا: «سىلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بېرىڭلار، شەھەردىكى كىشىلەرنى قىرغىن قىلىڭلار، ھېچكىمنى ئاياپ قويماڭلار، ھېچكىمگە رەھىم قىلماڭلار.6ئەر-ئايال، قېرى-ياش، ئانا-بالا بولسۇن ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈڭلار. لېكىن بەلگىسى بار كىشىلەرگە تەگمەڭلار. قىرغىننى ئىبادەتخانامدىن باشلاڭلار» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قىرغىننى ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىدا تۇرغان ئاقساقاللارنى ئۆلتۈرۈشتىن باشلىدى.7پەرۋەردىگار يەنە ئۇلارغا: «ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىلىرىنى ئۆلۈكلەرگە تولدۇرۇپ، ئىبادەتخانىنى بۇلغاڭلار، ھازىرلا باشلاڭلار!» دېدى.
ئۇلار شەھەرگە بېرىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈشنى باشلىدى.
8پەقەت مەنلا قالدىم. مەن ئۆزۈمنى يەرگە تاشلاپ، نىدا قىلدىم:
_ ئېھ ئىگەم پەرۋەردىگار، يېرۇسالېمغا غەزەپ قىلغىنىڭدا، ئىسرائىلىيەدە قېلىپ قالغان بارلىق ئىسرائىللارنىمۇ ھالاك قىلماقچىمۇ؟

9ئۇ جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
_ ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە خەلقىنىڭ گۇناھلىرى چېكىگە يەتتى. پۈتۈن زېمىن قانغا بويالدى ۋە يېرۇسالېممۇ ئادالەتسىزلىككە تولدى. ئۇلار: «پەرۋەردىگار بۇ زېمىندىن ۋاز كەچتى، بىزنى كۆرمەيدۇ» دېيىشىدۇ.
10شۇڭا ھېچكىمنى ئاياپ قويمايمەن، ھېچكىمگە رەھىم قىلمايمەن. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا يارىشا جازاسىنى بېرىمەن.
11ھېلىقى زىغىر رەختتىن كىيىم كىيىپ، يېنىغا كاتىپلىق قوراللىرى ئېسىۋالغان ئادەم قايتىپ كېلىپ، پەرۋەردىگارغا:
_ مەن ئەمرنى بەجا كەلتۈردۈم، _ دېدى.

 

10

پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرىنىڭ ئىبادەتخانىدىن ئايرىلىشى

1غايىبانە ئالامەتتە مەن كېرۇبلارنىڭ بېشى ئۈستىدىكى سۇپىدا كۆك ياقۇتتىن ياسالغان تەختكە ئوخشايدىغان بىر نەرسىنى كۆردۈم.2پەرۋەردىگار ھېلىقى زىغىر رەختتىن تىكىلگەن كىيىم كىيگەن ئادەمگە:
_ سەن كېرۇبلارنىڭ ئاستىدا ئايلىنىۋاتقان چاقلارنىڭ ئوتتۇرىسىغا كىرىپ، ئالىقىنىڭنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى چوغ بىلەن تولدۇرۇپ، ئاندىن چوغلارنى شەھەرگە چاچقىن، _ دېدى. مەن ئۇنىڭ كىرىشىنى كۆزىتىپ تۇردۇم.

3ئۇ كىرگەن ۋاقتىدا، كېرۇبلار ئىبادەتخانىنىڭ جەنۇب تەرىپىدە بولۇپ، ئىچكىرىكى ھويلا بۇلۇتقا تولغانىدى.4بۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى ئىبادەتخانا ئىچىدىكى ئالتۇندىن ياسالغان ئىككى كېرۇبنىڭ ئۈستىدىن يۇقىرىغا كۆتۈرۈلۈپ، بوسۇغىغا كەلدى. ئىبادەتخانا بۇلۇتقا، ئىچكىرىكى ھويلا پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرىنىڭ يورۇقلۇقىغا تولدى.5ھېلىقى تۆت دانە كېرۇبنىڭ قاناتلىرىنى قاققان ۋاقتىدا چىققان ئاۋازى ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ سۆزلىگەن ۋاقتىدىكى ئاۋازىغا ئوخشايتتى. بۇ ئاۋازنى تاشقىرىقى ھويلىدىنمۇ ئاڭلىغىلى بولاتتى.
6پەرۋەردىگار زىغىر رەختتىن كىيىم كىيگەن ئادەمگە: «سەن كېرۇبلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ، چاقلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئوت ئالغىن» دەپ ئەمر قىلدى، ئۇ ئادەم كىرىپ، بىر چاقنىڭ يېنىدا تۇردى.7بىر كېرۇب قولىنى كېرۇبلارنىڭ ئارىسىدىكى ئوتقا سوزۇپ ئوت ئېلىپ، زىغىر رەختتىن كىيىم كىيگەن ئادەمنىڭ ئالقىنىغا قويدى. ئۇ ئادەم ئوتنى ئېلىپ، چىقىپ كەتتى.8كېرۇبلارنىڭ قانىتىنىڭ ئاستىدا قول باردەك قىلاتتى.
9قارىسام، تۆت نەپەر كېرۇبنىڭ يانلىرىدا بىردىن چاق تۇرۇپتۇ. چاقلار سېرىق ياقۇتتەك جۇلالىنىپ تۇراتتى.10ھەممە چاق ئوخشاش كۆرۈنەتتى. ھەربىر چاقنىڭ ئىچىدە يەنە بىردىن چاق بار ئىدى.11‏ كېرۇبلار تۆت تەرەپكە بۇرۇلمايلا ماڭالايتتى. باشتىكى چاق قاياققا ھەرىكەت قىلسا، قالغانلىرىمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ، شۇ ياققا ھەرىكەت قىلاتتى، بۇرۇلمايتتى.12كېرۇبلارنىڭ بەدىنىنى، يەنى دۈمبىلىرى، قوللىرى ۋە قاناتلىرىنى كۆز قاپلىغانىدى، تۆت چاقلارمۇ شۇنداق ئىدى.13مەن چاقلارنىڭ «ئايلىنىۋاتقان چاقلار» دەپ ئاتالغانلىقىنى ئاڭلىدىم.14ھەربىر كېرۇبنىڭ تۆتتىن يۈزى بار ئىدى. بىرىنچىسى ئۆزىنىڭ ئەسلى يۈزى ئىدى، ئىككىنچىسى ئادەمنىڭ يۈزىگە، ئۈچىنچىسى شىرنىڭ يۈزىگە، تۆتىنچىسى بۈركۈتنىڭ يۈزىگە ئوخشايتتى.
15كېيىن بۇ كېرۇبلار يۇقىرىغا كۆتۈرۈلدى. ئۇلار دەل مەن كىبار قانىلى بويىدا كۆرگەن مەخلۇقلار ئىدى.16كېرۇبلار ھەرىكەت قىلسا، يېنىدىكى چاقلارمۇ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلاتتى. كېرۇبلار قاناتلىرىنى قېقىپ كۆتۈرۈلگەندە، چاقلارمۇ ئۇلاردىن ئايرىلمايتتى.17كېرۇبلار توختىسا، چاقلارمۇ توختايتتى. كېرۇبلار يۇقىرىغا كۆتۈرۈلسە، چاقلارمۇ بىرلىكتە كۆتۈرۈلەتتى. چۈنكى بۇ مەخلۇقلارنىڭ روھى چاقلاردا ئىدى.
18ئۇ ۋاقىتتا، پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى ئىبادەتخانىنىڭ بوسۇغىسىدىن ئايرىلىپ، كېرۇبلارنىڭ ئۈستى تەرىپىدە توختىدى.19مەن كېرۇبلارنىڭ قانىتىنى قېقىپ كۆتۈرۈلگەنلىكىنى، چاقلارنىڭمۇ ئۇلار بىلەن بىرلىكتە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆردۈم. ئۇلار ئىبادەتخانا ھويلىسىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىدا توختىدى. ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ پارلاق نۇرى ئۇلارنىڭ ئۈستىدە ئىدى.
20بۇ مەخلۇقلارنى مەن كىبار قانىلى بويىدا ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ ئاستىدا كۆرگەنىدىم. ئەمدى چۈشىنىپ يەتتىمكى، ئۇلار ئاشۇ كېرۇبلار ئىكەن.21ھەربىر كېرۇبنىڭ تۆتتىن يۈزى، تۆتتىن قانىتى، قاناتلىرىنىڭ ئاستىدا بىردىن ئادەمنىڭكىدەك قولى بار ئىدى.22ئۇلارنىڭ يۈزلىرى مەن كىبار قانىلى بويىدا كۆرگەن مەخلۇقلارنىڭ يۈزلىرى بىلەن ئوخشاش ئىدى. ئۇلار ئالدىغا قاراپ ئۇدۇللا ماڭاتتى.

 

11

يېرۇسالېمدىكى يامان مەسلىھەتچىلەرنىڭ جازالىنىشى

1شۇ چاغدا روھ مېنى كۆتۈرۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانا ھويلىسىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىغا ئېلىپ باردى. مەن ئۇ يەردە 25 ئادەمنى كۆردۈم. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا خەلقنىڭ يېتەكچىلىرىدىن ئاززۇرنىڭ ئوغلى يائازانيا ۋە بىنايانىڭ ئوغلى پىلاتيامۇ بار ئىدى.2پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
_ ئەي ئادەم بالىسى، بۇ ئادەملەرنىڭ ھىيلە-مىكىرلىرى كۆپتۇر، ئۇلار شەھەردىكىلەرگە يامان مەسلىھەت بېرىشىدۇ.
3ئۇلار: «ئۆي سېلىشنىڭ ياخشى پەيتى كەلدى. بىزنىڭ شەھەر خۇددى تۆمۈر قازاندەك مۇكەممەلدۇر، بىز بۇ قازاندىكى گۆشتەك بىخەتەردۇرمىز» دېيىشىدۇ.4شۇڭا ئەي ئادەم بالىسى، ۋەھىيىمنى يەتكۈز، ئۇلارغا قارشى ۋەھىيىمنى يەتكۈز.
5شۇ ئان پەرۋەردىگارنىڭ روھى ۋۇجۇدۇمغا چۈشتى ۋە ئىسرائىللارغا تۆۋەندىكى سۆزلەرنى دېيىشىمنى ئەمر قىلدى: «مەن پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، ئەي ئىسرائىللار، ئاغزىڭلاردا ئۇنداق دېگىنىڭلار بىلەن كۆڭلۈڭلاردا نېمىلەرنى ئويلاۋاتقىنىڭلارنى بىلىمەن.6سىلەر بۇ شەھەردە نۇرغۇن ئادەملەرنى ئۆلتۈردۈڭلار، كوچىلار جەسەت بىلەن تولدى.
7شۇڭا مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار دەيمەنكى، بۇ شەھەر ھەقىقەتەن قازانغا ئوخشايدۇ. لېكىن گۆش سىلەر ئەمەس، بەلكى سىلەر ئۆلتۈرگەن ئادەملەرنىڭ جەسەتلىرىدۇر. مەن سىلەرنى بۇ شەھەردىن قوغلاپ چىقىرىمەن.8سىلەر قىلىچتىن قورقىسىلەر، شۇڭا مەن قىلىچنى سىلەرگە تەڭلەيمەن. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.9سىلەرنى شەھەردىن قوغلاپ چىقىرىپ، ياتلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. مەن سىلەرنى جازالايمەن.10سىلەر قىلىچ ئاستىدا ئۆلىسىلەر. مەن سىلەرنى ئىسرائىلىيە چېگراسى ئىچىدە جازالايمەن. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.11بۇ شەھەر سىلەرنى قوغدايدىغان قازان ئەمەستۇر ھەم سىلەرمۇ ئىچىدىكى گۆش ئەمەستۇرسىلەر. مەن سىلەرنى ئىسرائىل زېمىنىنىڭ چېگراسى ئىچىدە جازالايمەن.12شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر. چۈنكى سىلەر مېنىڭ قانۇن ۋە بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلماستىن، ئەكسىچە ئەتراپىڭلاردىكى قوشنا ئەللەرنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرىغا ئەگەشتىڭلار.»
13مەن مۇشۇ ۋەھىينى يەتكۈزۈۋاتقىنىمدا، بىنايانىڭ ئوغلى پىلاتيا ئۆلدى. مەن ئۆزۈمنى يەرگە تاشلاپ:
_ ئېھ ئىگەم پەرۋەردىگار، سەن ھايات قالغان ئاشۇ ئازغىنە ئىسرائىللارنىمۇ يوقاتماقچىمۇسەن؟ _ دەپ ئۈنلۈك ئاۋازدا نالە قىلدىم.

سۈرگۈنلەرنىڭ قايتىپ كېلىدىغانلىقى ھەققىدىكى ۋەدە

14‏ پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
15_ ئەي ئادەم بالىسى، يېرۇسالېمدا قالغان كىشىلەر سېنىڭ تۇغقانلىرىڭ ۋە سۈرگۈن قىلىنغان بارلىق ئىسرائىللار ھەققىدە مۇنداق دېيىشىدۇ: «ئۇلار پەرۋەردىگاردىن يىراق بىر ماكاندىدۇر، شۇڭا پەرۋەردىگار بۇ زېمىننى بىزگە مۈلۈك قىلىپ بەردى.»
16شۇڭا سەن سۈرگۈن قىلىنغانلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «گەرچە مەن سىلەرنى يىراقتىكى يات ئەللەرگە تارقىتىۋەتكەن بولساممۇ، لېكىن سىلەر سۈرگۈندىكى ۋاقتىڭلاردا سىلەرنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئۆزۈمنى سىلەرگە يار قىلدىم.17‏ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيمەن: ‹مەن سىلەرنى تارقىلىپ كەتكەن ھەرقايسى ئەللەر ۋە جايلاردىن يىغىپ ئەكېلىمەن ۋە سىلەرگە ئىسرائىلىيە زېمىنىنى قايتۇرۇپ بېرىمەن.›»
18ئۇلار قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، زېمىنىدىكى يىرگىنچلىك ۋە نەپرەتلىك ھەممە بۇتلارنى يوقىتىدۇ.19مەن ئۇلارغا سەمىمىي بىر قەلب ۋە يېڭى روھ ئاتا قىلىمەن. ئۇلارنىڭ تاشتەك قاتتىق يۈرىكىنى ئېلىپ تاشلاپ، ئورنىغا بىر يۇمشاق يۈرەك ئاتا قىلىمەن.20شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇلار قانۇنلىرىمغا رىئايە قىلىدىغان، بەلگىلىمىلىرىمگە بويسۇنىدىغان بولىدۇ. ئۇلار مېنىڭ خەلقىم، مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن.21لېكىن يىرگىنچلىك ۋە نەپرەتلىك بۇتلارغا قەلبىدىن ئورۇن بەرگەن كىشىلەرنى قىلمىشلىرىغا يارىشا جازالايمەن. بۇ مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

خۇدانىڭ يېرۇسالېمدىن ئايرىلىشى

22كېرۇبلار قاناتلىرىنى قېقىپ كۆتۈرۈلدى، چاقلارمۇ تەڭ كۆتۈرۈلدى. ئۇلارنىڭ ئۈستىدە ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ پارلاق نۇرى بار ئىدى.23پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى كۆتۈرۈلۈپ، شەھەرنىڭ سىرتىدىكى شەرقىي تاغ ئۈستىدە توختىدى.24غايىبانە ئالامەت ئىچىدە روھ مېنى كۆتۈرۈپ، بابىلدىكى سۈرگۈن قىلىنغانلارنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ باردى. شۇ ۋاقىتتا غايىبانە ئالامەت كۆز ئالدىمدىن غايىب بولدى.25پەرۋەردىگار ماڭا ئايان قىلغان ھەممە نەرسىنى سۈرگۈندىكى كىشىلەرگە ئېيتىپ بەردىم.

 

12

سۈرگۈن بولۇش ھەققىدىكى تەمسىل

1پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
2_ ئەي ئادەم بالىسى، سەن ماڭا ئاسىيلىق قىلغانلارنىڭ ئارىسىدا ياشايسەن. ئۇلارنىڭ كۆزى تۇرۇپ كۆرمەيدۇ، قۇلىقى تۇرۇپ ئاڭلىمايدۇ، چۈنكى ئۇلار ئاسىيلاردۇر.3شۇڭا سەن خۇددى سۈرگۈنگە تەييارلانغان ئادەمدەك، كۈندۈزى نەرسە-كېرەكلىرىڭنى يىغىشتۇر. ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن باشقا يەرگە كەت. گەرچە ئۇلار ئاسىي بولسىمۇ، ئۇلار سېنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىڭنى كۆرۈپ، بۇ ئىشنىڭ تېگىگە يېتەلىشى مۇمكىن.4خۇددى سۈرگۈنگە تەييارلانغان ئادەمدەك، كۈندۈزى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا نەرسە-كېرەكلىرىڭنى يىغىشتۇر. گۇگۇم ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا خۇددى سۈرگۈن قىلىنغاندەك ماڭ.5يەنە ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا تامدىن بىر تۆشۈك تېشىپ،6نەرسە-كېرەكلىرىڭنى يۈدۈپ، شۇ يەردىن كەچ ۋاقتىدا چىقىپ كەت. يۇرتۇڭنى كۆرمەسلىكىڭ ئۈچۈن يۈزۈڭنى يېپىۋال. چۈنكى مەن سېنى سۈرگۈن قىلىنىدىغان ئىسرائىللارغا تەمسىل قىلماقچى.
7شۇنىڭ بىلەن مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمر قىلغىنى بويىچە ئىش قىلدىم. كۈندۈزى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا نەرسە-كېرەكلىرىمنى خۇددى سۈرگۈنگە ماڭىدىغان ئادەمدەك يىغىشتۇرۇپ، كەچ ۋاقتىدا تامنى تېشىپ، نەرسىلىرىمنى يۈدۈپ، چىقىپ كەتتىم.
8ئەتىسى سەھەردە پەرۋەردىگار ماڭا:
9_ ئەي ئادەم بالىسى، ئاسىي ئىسرائىللار سەندىن: «نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟» دەپ سورىدىغۇ!10سەن ئۇلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «بۇ يېرۇسالېمدىكى پادىشاھ زىدقىيا ۋە باشقا ئىسرائىللار ھەققىدىكى ئالدىن بېشارەتتۇر.»11سەن ئۇلارغا يەنە: «مەن سىلەرگە پەقەت بىر تەمسىل بولدۇم. مەن كۆرسەتكەن ئىشلار چوقۇم كەلگۈسىدە سىلەرنىڭ زېمىنىڭلاردا يۈز بېرىدۇ» دەپ ئېيت. ئۇلار ئەسىرگە ئېلىنىپ، سۈرگۈن قىلىنىدۇ.
12يېرۇسالېمدىكى پادىشاھ نەرسە-كېرەكلىرىنى يۈدۈپ، كېچىدە يولغا چىقىپ، تامنىڭ تۆشۈكىدىن چىقىپ كېتىدۇ، ئۇ يۇرتىنى كۆرمەسلىكى ئۈچۈن يۈز-كۆزىنى ئېتىۋالىدۇ.13مەن تور يېيىپ، ئۇنى تۇتۇپ، بابىللىقلارنىڭ زېمىنىغا ئېلىپ كېلىمەن، لېكىن ئۇ بابىللىقلارنىڭ زېمىنىنى كۆرەلمەيدۇ ۋە شۇ يەردە ئۆلىدۇ.14مەن ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرى ۋە بارلىق لەشكەرلىرىنى تۆت ئەتراپقا چېچىۋېتىمەن ھەم قىلىچىمنى چىقىرىپ، ئۇلارنى قوغلايمەن.15ئۇلارنى باشقا ئەللەرگە سۈرگۈن قىلىپ، يات خەلقلەر ئارىسىغا چېچىۋېتىمەن. شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.16لېكىن ئۇلارنىڭ ھەرقايسى ئەللەردە ئۆزلىرى قىلغان يىرگىنچلىك ئىشلىرىنى باشقىلارغا سۆزلەپ بېرىشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنى قىلىچتىن، ئاچارچىلىقتىن، ۋابادىن ساقلاپ قالىمەن. شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.
17پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
18_ ئەي ئادەم بالىسى، تامىقىڭنى تىترەپ تۇرۇپ يە، سۈيۈڭنى قورقۇپ تۇرۇپ ئىچ.19ئاندىن سەن بابىلدا تۇرۇۋاتقان كىشىلەرگە ئىگىمىز پەرۋەردىگار يېرۇسالېم ۋە ئىسرائىلىيە خەلقى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئۇلار تاماقلىرىنى دەككە-دۈككىدە يەيدۇ، سۇلىرىنى ھودۇقۇپ تۇرۇپ ئىچىدۇ. ئۇلارنىڭ زېمىنى ئۆزلىرىنىڭ زوراۋانلىقلىرى تۈپەيلىدىن ئادەمزاتسىز چۆلگە ئايلىنىدۇ.20ئادەم ئولتۇراقلاشقان شەھەرلىرى خارابىلىككە، زېمىنلىرى قاقاسلىققا ئايلىنىدۇ، شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.»
21پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
22_ ئەي ئادەم بالىسى، سىلەر ئىسرائىللاردا: «ۋاقىت كېتەر، بېشارەت يوقار» دەپ بىر ماقال بار.23مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار شۇنى ئېيتىمەنكى، بۇ ماقالنى ئىسرائىللارنىڭ ئېغىزىدىن يوق قىلىمەن، ئۇلار ئۇنى ئىسرائىلىيەدە ئىككىنچى تىلغا ئالمايدىغان بولىدۇ. سەن ئۇلارغا ئېيت، ھەممە بېشارەتلەر ئەمەلگە ئاشىدىغان كۈنلەرگە ئاز قالدى.24ئەمدى ئىسرائىللار ئارىسىدا يالغاندىن كۆرگەن غايىبانە ئالامەتلەر ۋە ساختا پەيغەمبەرلەرنىڭ خەلقنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان يالغان بېشارەتلىرى يەتكۈزۈلمەيدۇ.25مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن، مېنىڭ سۆزۈم چوقۇم كېچىكمەي ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئەي ئاسىيلار، مېنىڭ سۆزۈم سىلەر ھايات ۋاقتىڭلاردا ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.
26پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
27_ ئەي ئادەم بالىسى، ئىسرائىللار مۇنداق دېيىشىدۇ: «ئۇنىڭ كۆرگەن غايىبانە ئالامەتلىرى كۆپ يىللاردىن كېيىن يۈز بېرىدىغان ئىشلاردۇر. ئۇنىڭ بېشارەتلىرى يىراق كەلگۈسى ھەققىدىدۇر.»28شۇڭا سەن ئۇلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئېيتقان سۆزلىرىمنىڭ بىرەرسىمۇ كېچىكمەيدۇ، ھەممىسى ئەمەلگە ئاشىدۇ.» بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

 

13

ساختا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەيىبلىنىشى

1پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
3-2 _ ئەي ئادەم بالىسى، ئىسرائىلىيەدە يالغان ۋەھىي يەتكۈزۈپ يۈرگەن ساختا پەيغەمبەرلەرگە قارشى ۋەھىيىمنى يەتكۈز. ئۆزى بىلگەنچە سۆزلەپ يۈرىدىغان ئاشۇ ۋەھىيچىلەرگە قارشى ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئەي ئەخمەقلەر، سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار. ھالىڭلارغا ۋاي! سىلەرگە ۋەھىي كەلمىسىمۇ، سىلەر يالغان ۋەھىيلەرنى توقۇپ چىقىسىلەر.4ئەي ئىسرائىللار، سىلەرنىڭ ساختا پەيغەمبەرلىرىڭلار خارابىلەردىكى چىلبۆرىلەرگە ئوخشايدۇ.5ئۇلار سېپىللىرىڭلارنىڭ يېرىقلىرىنى ئېتەلمەيدۇ، سېپىلىڭلارنى قايتىدىن ياساپ چىقالمايدۇ. بۇ سېپىللار پەرۋەردىگارنىڭ جازا كۈنى كەلگەندە بولىدىغان ئۇرۇشتا سىلەرنى قوغدىيالمايدۇ.6ئۇلارنىڭ يەتكۈزگەن غايىبانە ئالامەتلىرى ساختا، ۋەھىيلىرى يالغاندۇر. ئۇلار: ‹پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ› دەپ تارقىتىدۇ، لېكىن ئۇلار مەن ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەر ئەمەستۇر. شۇنداقتىمۇ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بىمەنە سۆزلىرىنى مېنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇشۇمنى كۈتىدۇ.7ئەجەبا، ئۇلارنىڭ يەتكۈزگەن غايىبانە ئالامەتلىرى ساختا، يەتكۈزگەن ۋەھىيلىرى يالغان ئەمەسمىدۇ؟ ئۇلار: ‹بۇ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرى› دەيدۇ، لېكىن بۇ سۆزلەرنى مەن دېمىگەن.
8شۇڭا مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، ئەي ساختا پەيغەمبەرلەر، سىلەرنىڭ ساختا غايىبانە ئالامەتلىرىڭلار ۋە يالغان ۋەھىيلىرىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە قارشى تۇرىمەن.9ئەي ئىسرائىللار، مەن ئاشۇ ساختا غايىبانە ئالامەت توقۇيدىغانلار ۋە يالغان ۋەھىي يەتكۈزىدىغانلارغا قارشى چىقىمەن. ئۇلارنى خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىمەن، ئىسرائىللارنىڭ تىزىملىكىدىن ئۆچۈرۈۋېتىمەن. ئۇلارنىڭ ئىسرائىللارنىڭ زېمىنىغا قايتىشىغا يول قويمايمەن. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.
10ساختا پەيغەمبەرلەر خەلقىمنى ئالداپ: ‹سىلەر بىخەتەر› دېيىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھېچبىر بىخەتەرلىك يوقتۇر. بۇ خۇددى ئادەملەرنىڭ ياسىغان ئاجىز تېمىنى ساختا پەيغەمبەرلەر كېلىپ ھاكلاپ قويغاندەك بىر ساختا ئىشتۇر.11ئەي ئادەم بالىسى، شۇڭا سەن تامنى ھاكلاپ قويغان ئاشۇ ساختا پەيغەمبەرلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق ئېيت: ‹سىلەر ھاكلىغان تام چوقۇم ئۆرۈلىدۇ، قاتتىق يامغۇر كېلىۋاتىدۇ، مۆلدۈر ياغىدۇ، كۈچلۈك بوران چىقىدۇ.12تام ئۆرۈلگەندىن كېيىن، كىشىلەر سىلەردىن سىلەر ھاكلىغان تامنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى سورىشىدۇ.›
13شۇ سەۋەبتىن مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار ئاشۇ ساختا پەيغەمبەرلەرگە مۇنداق دەيمەن: ‹نەپرىتىم بىلەن بوران چىقىرىمەن، غەزىپىم بىلەن يامغۇر، قەھرىم بىلەن مۆلدۈر ياغدۇرىمەن.14مەن سىلەرنىڭ ھاكلاپ قويغان تېمىڭلارنى تۈزلەپ، ئۇلىنى ئېچىپ قويىمەن. ۋەيران قىلىنغان تام قەبرەڭلار بولىدۇ. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.›15ئەي ئىسرائىللار، مەن بۇ تامغا ۋە تامنى ھاكلىغان ساختا پەيغەمبەرلەرگە غەزىپىمنى ياغدۇرىمەن. شۇ چاغدا مەن سىلەرگە: ‹بۇ تام تۈگەشتى، بۇنى ھاكلىغانلارمۇ تۈگەشتى.16يېرۇسالېم ھەققىدە يالغان ۋەھىي يەتكۈزۈپ، يېرۇسالېم خەتەرلىك ئەھۋالدىمۇ، ئۇنى بىخەتەر دېگەنلەر دەل ئىسرائىللارنىڭ ساختا پەيغەمبەرلىرىدۇر› دەيمەن.»
17ئەي ئادەم بالىسى، خەلقىڭ ئىچىدىكى ئۆزى بىلگەنچە ۋەھىي توقۇيدىغان ئاياللار ھەققىدە سۆزلە، ئۇلارغا قارشى ۋەھىيىمنى يەتكۈز.18ئۇلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئەي ئادەملەرنىڭ ھاياتىنى ئۆزىگە بەند قىلىۋالىدىغان ئاياللار، ھالىڭلارغا ۋاي! سىلەر كىشىلەرنى ئالداش ئۈچۈن بىلەكلىرىڭلارغا تۇمار تاقاپ، بېشىڭلارغا رومال ئارتىپ يۈرىسىلەر. سىلەر جان بېقىش ئۈچۈن باشقىلارنى ئالدىساڭلار بولامدۇ؟19سىلەر بىرقانچە ئوچۇم ئارپا ۋە بىر بۇردا نان ئۈچۈن خەلقىم ئارىسىدا ماڭا كۇپۇرلۇق قىلىسىلەر. يالغان سۆزگە خۇشتارلارغا يالغان سۆزلەيسىلەر. گۇناھسىز ئادەملەرنى نابۇت قىلىسىلەر، ئۆلۈمگە لايىق بولغان ئادەملەرنىڭ جېنىنى ساقلاپ قالىسىلەر.
20شۇڭا مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: ‹مەن سىلەرنىڭ خۇددى قۇشنى تۇزاققا چۈشۈرمەكچى بولغاندەك ئادەملەرنى تۇزاققا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئېسىۋالغان تۇمارىڭلارغا قارشى تۇرىمەن. شۇڭا مەن سىلەرنىڭ بىلىكىڭلارغا تۇمار قىلىپ ئېسىۋالغان تۈگۈنچىكىڭلارنى ئېلىپ تاشلاپ، تۇتۇلغان قۇشلارغا ئوخشاش چاڭگىلىڭلارغا چۈشۈپ قالغان كىشىلەرنى قۇتقۇزىمەن.21مەن يەنە سىلەرنىڭ رومىلىڭلارنى يىرتىپ تاشلاپ، قولۇڭلاردىن خەلقىمنى قۇتقۇزىمەن. ئۇلار ئەمدى سىلەرنىڭ قولۇڭلاردىكى ئولجىغا ئايلانمايدۇ. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.22‏ مەن ئادالەتلىك ئادەملەرنىڭ ئۈمىدسىزلىنىشىنى خالىمايتتىم، لېكىن سىلەر ئۇلارنى يالغانچىلىقىڭلار بىلەن ئۈمىدسىزلەندۈردۈڭلار. رەزىللەرنى يامان يولىدىن يانماسلىققا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ھايات قېلىشىغا توسالغۇ بولدۇڭلار.23شۇڭا سىلەر ئەمدى يالغاندىن غايىبانە ئالامەت توقۇيالمايسىلەر، پال ئاچالمايسىلەر. مەن خەلقىمنى سىلەرنىڭ چاڭگىلىڭلاردىن قۇتقۇزىمەن. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.›»

 

14

خۇدانىڭ بۇتپەرەسلىكنى ئەيىبلىشى

1‏ بىر كۈنى ئىسرائىللارنىڭ بىرقانچە ئاقساقاللىرى يېنىمغا كېلىپ، ئالدىمدا ئولتۇردى.2پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
3_ ئەي ئادەم بالىسى، بۇ ئادەملەر قەلبلىرىدە بۇتقا تېۋىنىدىكەن، بۇ ئۇلار پۇتلىشىپ يىقىلىدىغان تاشتۇر. شۇنداق ئىكەن، مەن قانداقمۇ ئۇلارنىڭ مەندىن مەسلىھەت سورىشىغا يول قوياي؟4ئۇلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئەگەر ئىسرائىل خەلقىدىن بىرسى ئۆزى پۇتلىشىپ يىقىلىدىغان بۇتقا چوقۇنۇپ، ئاندىن كېلىپ پەيغەمبەردىن مەسلىھەت سورىسا، مەن پەرۋەردىگار ئۇنىڭ قەلبىدىكى بۇتپەرەسلىكىگە يارىشا جاۋاب بەرگۈزىمەن.5مېنىڭ بۇنداق قىلىشىم ئىسرائىل خەلقىمنىڭ قەلبىنى قايتۇرۇپ كېلىشتۇر. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇتقا چوقۇنۇپ، مەندىن يىراقلاپ كەتتى.»
6‏ شۇڭا ئىسرائىل خەلقىگە ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «توۋا قىلىڭلار، بۇتلىرىڭلار ۋە يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىڭلاردىن يىراق تۇرۇڭلار.7ئىسرائىللار ياكى ئىسرائىلىيەدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان يات خەلقلەر مەندىن يىراقلىشىپ، قەلبلىرىدە ئۆزلىرى پۇتلىشىپ يىقىلىدىغان بۇتلارغا چوقۇنۇپ، ئاندىن كېلىپ پەيغەمبەردىن مەسلىھەت سورىسا، مەن پەرۋەردىگار ئۆزۈم جاۋاب بېرىمەن.8مەن ئۇلارغا قارشى چىقىمەن، ئۇلارنى خەلقنىڭ ئالدىدا مەسخىرىگە قويۇپ، باشقىلارغا ئىبرەت قىلىمەن. ئۇلارنى خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىمەن. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.
9ئەگەر پەيغەمبەر ئېزىپ، ئۆزى مەسلىھەت بەرسە، ئەگەر پەيغەمبەر ئېزىپ، خاتا مەسلىھەت بەرسە، ئۇنىڭغا خاتا مەسلىھەت بەرگۈزگۈچى مەن بولىمەن. ئۇنىڭغا قارشى قولۇمنى كۆتۈرىمەن ۋە ئۇنى ئىسرائىل خەلقىم ئارىسىدىن يوقىتىمەن.10مەيلى پەيغەمبەر بولسۇن، مەيلى ئۇنىڭدىن مەسلىھەت سورىغۇچى بولسۇن، مەن ئۇلارنى ئوخشاش جازالايمەن.11شۇندىلا ئىسرائىل خەلقىم يولۇمدىن ئازمايدۇ ۋە ئۆزلىرىنى گۇناھلار بىلەن بۇلغىمايدۇ. ئۇلار مېنىڭ خەلقىم، مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»

خەلقنىڭ جازالىنىشى

12پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
13_ ئەي ئادەم بالىسى، ئەگەر بىرەر ئەلنىڭ خەلقى ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، گۇناھ ئۆتكۈزسە، مەن ئۇلارغا قارشى قولۇمنى كۆتۈرىمەن. ئۇلارنىڭ ئاشلىق مەنبەسىنى ئۈزۈپ تاشلايمەن، يېرىنى ئاچارچىلىق قاپلايدۇ، ئادەملەر ۋە ھايۋانلار ھالاك بولىدۇ.14مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، ئۇ يەردە نۇھ، دانىيال ۋە ئايۇپلار ياشىغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار ھەققانىيلىقى ئارقىلىق پەقەت ئۆزلىرىنىلا قۇتقۇزالايتتى.
15ناۋادا مەن ئۇ يەرگە يىرتقۇچ ھايۋانلارنى ئەۋەتسەم، يىرتقۇچ ھايۋانلار ئۇ يەردە خالىغانچە ئادەم ئۆلتۈرۈپ، ئۇ يەرنى ئادەم ئۆتۈشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان قاقاسلىققا ئايلاندۇرۇپ قويسا،16مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇ يەردە ئاشۇ ئۈچ ئادەم بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىلا قۇتقۇزالايتتى، بالا-چاقىلىرىنى قۇتقۇزۇشقا قادىر بولالمايتتى. ئۇ يەر يەنە قاقاس پېتى قالاتتى.
17ئەگەر مەن ئۇ يەرگە دۈشمەن ئەۋەتىپ، قىلىچىم ئارقىلىق ئادەم ۋە ھايۋانلارنىمۇ ھالاك قىلسام،18مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇ يەردە ئاشۇ ئۈچ ئادەم بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىلا قۇتقۇزالايتتى، بالا-چاقىلىرىنى قۇتقۇزۇشقا قادىر بولالمايتتى.
19ئەگەر مەن ئۇ يەرگە ۋابا ئەۋەتسەم، قان تۆكۈش ئارقىلىق قەھرىمنى چاچسام، ئادەم ۋە ھايۋانلارنى قىرغىن قىلسام،20مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇ يەردە نۇھ، دانىيال ۋە ئايۇپلار ياشىغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەققانىيلىقى پەقەت ئۆزلىرىنىلا قۇتقۇزالايتتى، بالا-چاقىلىرىنى قۇتقۇزۇشقا قادىر بولالمايتتى.
21مەنكى ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: «مەن يېرۇسالېم ئۈستىگە ئۇرۇش، ئاچارچىلىق، يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ ھۇجۇمى ۋە ۋابا قاتارلىق بۇ تۆت خىل دەھشەتلىك ئاپەتنى ئەكېلىپ، ئادەملەر ۋە ھايۋانلارنى نابۇت قىلسام، ئۇلارغا قانچىلىك ئېغىر كېلەر؟22لېكىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بەزى ئوغۇل-قىزلار قېچىپ قۇتۇلۇپ، سىلەر تۇرغان يەرگە كېلىدۇ. سىلەر ئۇلارنىڭ بابىلدىكى يۈرۈش-تۇرۇشلىرى ۋە قىلمىش-ئەتمىشلىرىنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرۈپ، مېنىڭ يېرۇسالېمغا چۈشۈرگەن جازالىرىمنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىپ، تەسەللى تاپىسىلەر.23سىلەر ئۇلارنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرۈپ، مېنىڭ يېرۇسالېمنى سەۋەبسىزلا جازالىمىغانلىقىمدىن تەسەللى تاپىسىلەر. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»

 

15

ئۈزۈم تېلى ھەققىدىكى تەمسىل

1پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
2_ ئەي ئادەم بالىسى، ئۈزۈم تېلىنىڭ باشقا ياغاچلاردىن پەرقى بارمۇ؟ ئورماندىكى دەرەخلەردىن بىرەر ئەۋزەللىكى بارمۇ؟!3ئۇنىڭدىن بىر نەرسە ياكى نەرسە ئاسقىلى بولىدىغان قوزۇق ياسىغىلى بولامدۇ؟!4ياق، ئۇ پەقەت ئوتۇنغىلا يارايدۇ! ئۇ كۆيۈپ، چۇچىلا بولۇپ قالسا، ئۇنى يەنە نېمىگە ئىشلەتكىلى بولسۇن؟!5كۆيمەستە ھېچنېمىگە يارىمىغان ئۈزۈم تېلى كۆيگەندىن كېيىن يەنە نېمىگە يارىسۇن؟!
6شۇڭا مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار دەيمەنكى، يېرۇسالېملىقلار ئورمان ئارىسىدىكى ئۈزۈم تېلىغا ئوخشايدۇ، مەن ئۈزۈم تېلىنى قانداق ئوتقا تاشلىغان بولسام، ئۇلارنىمۇ شۇنداق تاشلايمەن.7مەن ئۇلارغا قارشى چىقىمەن. ئۇلار ئوت ئىچىدىن قېچىپ چىقسىمۇ، ئوت يەنىلا ئۇلارنى كۆيدۈرۈپ يوقىتىدۇ. مېنىڭ ئۇلارغا قارشى چىققىنىمدىن سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.8مەن ئۇلارنىڭ زېمىنىنى قاقاسلىققا ئايلاندۇرىمەن، چۈنكى ئۇلار ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلدى. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

 

16

1پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
2_ ئەي ئادەم بالىسى، يېرۇسالېمنىڭ يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىنى يۈزىگە سال.3ئۇنىڭغا ئىگەڭ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «سېنىڭ نەسەبىڭ يات كەنئاندىندۇر، سەنمۇ ئۇ يەردە تۇغۇلدۇڭ. ئاتاڭ ئامور خەلقىدىن، ئاناڭ خىت خەلقىدىندۇر.4سەن تۇغۇلغان ۋاقتىڭدا كىندىكىڭنى كېسىپ، تېنىڭنى يۇيۇپ تۇز سۈرتىدىغان ۋە زاكىلايدىغان ئادەم يوق ئىدى.5ھېچكىم ساڭا ئىچ ئاغرىتمايتتى، ھېسداشلىق قىلمايتتى. ھېچكىم سەن ئۈچۈن يۇقىرىدىكى ئىشلارنى قىلىشنى خالىمايتتى. سەن تۇغۇلغاندىلا كىشىلەر سېنى ئۆچ كۆرۈپ، دالاغا تاشلىۋەتكەنىدى.
6مەن سېنىڭ يېنىڭدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، سېنىڭ قان ئىچىدە تېپچەكلەۋاتقانلىقىڭنى كۆردۈم ھەم قان ئىچىدە ياتقان ساڭا: ‹ھايات قال› دېدىم. شۇنداق، قان ئىچىدە ياتقان ساڭا: ‹ھايات قال› دېدىم.7مەن سېنى خۇددى ئېتىزدىكى گۈل-گىياھلارنى پەرۋىش قىلغاندەك پەرۋىش قىلدىم. سېنىڭ بويۇڭ ئۆسۈپ، يېتىلدىڭ، گۈزەللەشتىڭ، كۆكرەكلىرىڭ تولدى، چاچلىرىڭ ئۆستى، لېكىن سەن يەنىلا يالىڭاچ ئىدىڭ.
8كېيىن مەن يەنە سېنىڭ يېنىڭدىن ئۆتتۈم. سەن قىزلارنىڭ ياشلىق باھارىغا تولغانىدىڭ. مەن سېنىڭ يالىڭاچ تېنىڭگە كىيىمىمنى يېپىپ قويدۇم. سەن بىلەن توي قىلىشقا ئەھدە قىلدىم، سەن مېنىڭ بولدۇڭ. بۇ مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.
9مەن بەدىنىڭدىكى قانلارنى يۇيۇپ، تېرىلىرىڭگە زەيتۇن يېغى سۈرتتۈم.10ئاندىن ئۇچاڭغا كەشتىلىك كىيىم، پۇتۇڭغا ئېسىل چورۇق كىيدۈرۈپ، ئۈستۈڭگە ئېسىل زىغىر ۋە يىپەك رەخت ياپتىم.11مەن سېنى زىبۇ-زىننەت بىلەن ياساندۇردۇم، قولۇڭغا بىلەزۈك سالدىم، بوينۇڭغا زەنجىر ئاستىم،12بۇرنۇڭغا ۋە قۇلاقلىرىڭغا ھالقا تاقىدىم، بېشىڭغا چىرايلىق تاج كىيدۈردۈم.13سېنىڭ تاقىغان زىبۇ-زىننىتىڭ ئالتۇن-كۈمۈش، كىيگىنىڭ ئېسىل زىغىر رەختتە ۋە يىپەك رەختتە قىلىنغان كىيىم، كەشتىلىك كىيىم، يېگىنىڭ سۈپەتلىك ئۇن، ھەسەل ۋە زەيتۇن يېغى بولدى. سەن تېخىمۇ گۈزەل بولۇپ، خانىشلىققا ئۆستۈرۈلدۈڭ.14داڭقىڭ ئەللەرگە تارالدى. چۈنكى مېنىڭ ساڭا بەرگەن سالاپىتىم سېنىڭ گۈزەللىكىڭنى تېخىمۇ تىللاردا داستان قىلغانىدى. بۇ مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.
15لېكىن سەن ئۆزۈڭنىڭ گۈزەللىكىگە ئىشىنىپ ۋە شۆھرىتىڭدىن پايدىلىنىپ، پاھىشىلىك قىلدىڭ. يولدىن ئۆتكەن ھەرقانداق كىشىلەر بىلەن زىنا قىلدىڭ. گۈزەللىكىڭدىن ئۇلارنى بەھرىمەن قىلدىڭ.16سەن كىيىمىڭ بىلەن بۇتخانىنى چىرايلىق بېزەپ، ئۇ يەردە بۇزۇقچىلىق قىلدىڭ. بۇنداق ئىش يۈز بەرمەسلىكى كېرەك ئىدى!17مەن ساڭا بەرگەن ئالتۇن-كۈمۈش زىبۇ-زىننەتلەردىن ئەر بۇتلارنى ياساپ، مەيلىڭنى ئۇلارغا بەردىڭ.18سەن ئۇلارغا كەشتىلىك كىيىملىرىڭنى كىيدۈردۈڭ، ساڭا بەرگەن زەيتۇن يېغىمنى ۋە خۇش پۇراقلىق ئسرىقىمنى ئۇلارغا ھەدىيە قىلدىڭ.19مەن سېنىڭ يېيىشىڭ ئۈچۈن بەرگەن سۈپەتلىك ئۇن، زەيتۇن يېغى ۋە ھەسەللەرنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۇلارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق ھەدىيە سۈپىتىدە تىزىپ قويدۇڭ. بۇ مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.
20سەن يەنە ماڭا تۇغۇپ بەرگەن ئوغۇل-قىزلىرىڭنى بۇتلارغا قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇندۇڭ. ئەجەبا، سېنىڭ قىلغان باشقا بۇزۇقچىلىقلىرىڭ يەتمىگەنمىدى؟!21سەن مېنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىمنى ئۆلتۈرۈپ، بۇتقا قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇندۇڭ.22سەن بارلىق يىرگىنچلىك ئىشلارنى ۋە بۇزۇقچىلىقلارنى قىلغان ۋاقتىڭدا، ئۆزۈڭنىڭ بالىلىق ۋاقتىڭدىكى يالىڭاچ ھالىتىڭنى ۋە قان ئىچىدە جان تالىشىۋاتقان كۈنلىرىڭنى ئۇنتۇپ قالغانمىدىڭ؟!
23مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: ‹ھالىڭغا ۋاي، ھالىڭغا ۋاي! سەن بۇنداق رەزىل ئىشلارنى قىلىپلا قالماي،24يەنە قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن ئۆزۈڭگە سۇپا ياسىدىڭ، ھەرقايسى مەيدانلارغا ئېگىز بۇتخانىلارنى سالدۇردۇڭ.25ھەربىر كوچىنىڭ ئىككى بېشىغا ئېگىز بۇتخانىلارنى سالدۇرۇپ، ئۆزۈڭنىڭ گۈزەللىكىنى دەپسەندە قىلدىڭ. سەن يولدىن ئۆتكەن ھەرقانداق كىشىنىڭ قۇچىقىغا ئۆزۈڭنى ئېتىپ، ئۇنىڭ بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلدىڭ.26ھەتتا ئىشقىۋاز قوشنىمىز مىسىرلىقلار بىلەنمۇ بۇزۇقچىلىق قىلىپ، غەزىپىمنى قوزغىدىڭ.27شۇڭا مەن سېنى جازالاش ئۈچۈن قول كۆتۈردۈم، زېمىنىڭنى ئازايتتىم. سېنى دۈشمەنلىرىڭ بولغان فىلىستىيەلىكلەرگە تاپشۇرۇپ بەردىم، ئۇلارمۇ بۇزۇقچىلىقىڭدىن نومۇس قىلدى.28سەن تويماس ھاۋايى-ھەۋىسىڭنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئاسسۇرلار بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلدىڭ، لېكىن يەنىلا قانمىدىڭ.29سودىگەرلەر يۇرتى بولغان بابىللىقلار بىلەنمۇ بۇزۇقچىلىق قىلدىڭ، لېكىن يەنىلا قانمىدىڭ.›
30مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيمەن: ‹سېنىڭ شاللاقلىقىڭ چېكىگە يەتتى، سەن نومۇسنى بىلمەيدىغان بىشەم پاھىشىگە ئوخشايسەن.31سەن ھەربىر كوچىنىڭ بېشىغا سەجدىگاھ، ھەربىر مەيدانغا ئېگىز بۇتخانا ياسىدىڭ، لېكىن بىر تىيىنمۇ ھەق ئالمىدىڭ. ئەمەلىيەتتە سەن بىر پاھىشىگىمۇ يەتمەيسەن.32سەن بىر بۇزۇقسەن، ئۆزۈڭنىڭ ئېرى بىلەن ئەمەس، بەلكى يات ئەرلەر بىلەن بىرگە بولۇشنى خالايسەن.33پاھىشىلەر پاھىشىلىك قىلسا، ھەق ئالىدۇ، لېكىن سەن ئەكسىچە ھەممە ئاشنىلىرىڭغا سوۋغات بېرىسەن. سەن ئاشنىلىرىڭنىڭ ھەممە يەردىن كېلىپ، بۇزۇقچىلىق قىلىشى ئۈچۈن پارا بېرىسەن.34سەن باشقا پاھىشىلەرگە ئوخشىمايسەن، ھېچكىم ساڭا ھەق بەرمەيدۇ، ئەكسىچە سەن ئۇلارغا ھەق بېرىسەن. سەن ھەقىقەتەن باشقا پاھىشىلەرگە ئوخشىمايسەن.›
35ئەي پاھىشە يېرۇسالېم، سۆزلىرىمگە قۇلاق سال.36مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: ‹سەن ئىشقىۋازلىق قىلدىڭ، كىيىملىرىڭنى سېلىپ، ئاشنىلىرىڭ بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلدىڭ. بارلىق يىرگىنچلىك بۇتلارغا چوقۇندۇڭ. ئۆزۈڭنىڭ پەرزەنتلىرىڭنىڭ قېنىنى بۇتلارغا قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇندۇڭ.37شۇڭا مەن سەن ياخشى كۆرىدىغان ھەم نەپرەتلىنىدىغان ھەممە ئاشنىلىرىڭنى يىغىپ ئەكېلىپ، ئۇلارنى ساڭا ھەممە تەرەپتىن ھۇجۇم قىلدۇرىمەن. سېنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا يالىڭاچلاپ، تېنىڭنى ئۇلارغا سازايى قىلىمەن.38سېنى خۇددى بۇزۇق ۋە قاتىل ئاياللارنى جازالىغاندەك جازالايمەن.39مەن سېنى ئاشنىلىرىڭغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. ئۇلار قۇربانلىق سۇپىلىرىڭنى چاقىدۇ، ئېگىز سېلىنغان بۇتخانىلىرىڭنى تۈزلىۋېتىدۇ، كىيىملىرىڭنى سالدۇرۇپ، ئېسىل گۆھەرلىرىڭنى بۇلاپ كېتىدۇ، سەن يالىڭاچ قالىسەن.40ئۇلار يىغىلىپ ساڭا ھۇجۇم قىلىدۇ ۋە سېنى چالما-كېسەك قىلىدۇ، قىلىچ بىلەن چاپىدۇ.41ئۆيلىرىڭنى كۆيدۈرۈپ، سېنى نۇرغۇن ئاياللارنىڭ كۆز ئالدىدا جازالايدۇ. مەن سېنىڭ بۇزۇقچىلىق قىلىشىڭنى توسىمەن، ئەمدى ئاشنىلىرىڭغا ھەق تۆلىمەيسەن.42شۇندىلا مېنىڭ ساڭا بولغان غەزىپىم بېسىلىدۇ، قەھر-غەزىپىم يوقىلىپ، راھەتلىنىپ قالىمەن، قايتا غەزەپلەنمەيمەن.43ياش ۋاقىتلىرىڭدا ساڭا قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقىمنى ئۇنتۇپ قېلىپ، بۇ قىلمىشلىرىڭ بىلەن مېنى غەزەپلەندۈردۈڭ. قاراپ تۇر، سېنى چوقۇم قىلمىشىڭغا لايىق جازالايمەن. ئەي يېرۇسالېم، سېنىڭ قىلغان ھەممە يىرگىنچلىك ئىشلىرىڭ يەتمەسمىدى، نېمىشقا يەنە بۇزۇقچىلىق قىلدىڭ؟ بۇ مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.›
44ئەي يېرۇسالېم، كىشىلەر سەن ھەققىدە: ‹قىز ئانىسىنى تارتار› دەپ تەمسىل قىلىشىدۇ.45سەن ھەقىقەتەن ئاناڭنىڭ قىزىسەن. ئاناڭ بۇرۇن ئۆزىنىڭ ئېرىنى ۋە پەرزەنتلىرىنى ئۆچ كۆرگەنىدى. سەنمۇ ئاچا-سىڭىللىرىڭغا ئوخشايسەن، ئۇلارمۇ ئېرى ۋە پەرزەنتلىرىنى ئۆچ كۆرىدۇ. سېنىڭ ئاناڭ خىت خەلقىدىن، ئاتاڭ ئامور خەلقىدىندۇر.46ئاچاڭ سامارىيەدۇر، ئۇ ۋە ئۇنىڭ قىزلىرى شىمالىڭدا، سىڭلىڭ سودوم ۋە ئۇنىڭ قىزلىرى سېنىڭ جەنۇبۇڭدا ياشايتتى.47سەن ئۇلارنىڭ يولىدا يۈرۈپ، يىرگىنچلىك ئىشلىرىنى ئۆگىنىپلا قالماستىن، بەلكى بۇ جەھەتتە ناھايىتى تېزلا ئۇلاردىن ئېشىپ كەتتىڭ.48مەن مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىڭلىڭ سودوم ۋە ئۇنىڭ قىزلىرى سەنچىلىك ۋە قىزلىرىڭچىلىك رەزىللىك قىلمىغان.49‏ سىڭلىڭ سودومنىڭ گۇناھى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، ئۇ ۋە قىزلىرى راھەت-پاراغەتتىن شۇنچىلىك مەغرۇر ۋە تويماس بولۇپ كەتكەنىدىكى، ئۇلار كەمبەغەللەرگە ۋە موھتاجلارغا زىنھار ئىچ ئاغرىتمايتتى.50ئۇلار شۇنچىلىك ھاكاۋۇر بولۇپ، ئالدىمدا نۇرغۇن يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلدى. مەن بۇ ئىشلارنى كۆرۈپ، ئۇلارنى ۋەيران قىلدىم.51سامارىيەنىڭ گۇناھلىرى سېنىڭ گۇناھلىرىڭنىڭ يېرىمىغا يەتمەيدۇ. سەن قىلغان يىرگىنچلىك قىلمىشلار ئۇلار قىلغان قىلمىشلاردىن تېخىمۇ كۆپتۇر. شۇڭا سىڭىللىرىڭ ساڭا قارىغاندا پاك كۆرۈنىدۇ.52سەن سىڭىللىرىڭغا ياردەم قىلىپ، ئۇلارنى ساڭا قارىغاندا پاك كۆرسەتكەن ئىكەنسەن، ئۇنداقتا سەن خورلۇقنى قوبۇل قىل! چۈنكى سېنىڭ گۇناھلىرىڭ سىڭىللىرىڭنىڭ گۇناھلىرىدىن تېخىمۇ ئېغىردۇر. شۇڭا ئۇلار ساڭا قارىغاندا پاك كۆرۈنىدۇ. ئەمدى سەن قىلغان گۇناھلىرىڭدىن نومۇس ھېس قىلىپ، خورلۇقنى قوبۇل قىل!
53سىڭىللىرىڭ سودوم ۋە سامارىيەنى قىزلىرى بىلەن بىرلىكتە قايتا گۈللەندۈرىمەن، سېنىمۇ ئۇلار بىلەن بىرلىكتە گۈللەندۈرىمەن.54سەن ئۆزۈڭنىڭ شەرمەندىچىلىكىڭدىن نومۇس قىلىسەن. سىڭىللىرىڭ بولغان سودوم ۋە سامارىيە سېنىڭ قىلغان بارلىق قىلمىشلىرىڭدىن تەسەللىگە ئىگە بولىدۇ.55سىڭىللىرىڭ سودوم ۋە سامارىيە قىزلىرى بىلەن بىرلىكتە بۇرۇنقى گۈللەنگەن چاغلىرىغا قايتىدۇ، سەنمۇ قايتىدىن گۈللىنىسەن.57-56 سەن مەغرۇر چاغلىرىڭدا، رەزىللىكلىرىڭ تېخى ئاشكارىلانمىغان ۋاقىتلاردا، سىڭلىڭ سودوم سېنىڭ مەسخىرە نىشانىڭغا ئايلىنىپ قالغانىدى. لېكىن ھازىر سەن ئىدوملۇق ۋە فىلىستىيەلىكلەرنىڭ، شۇنداقلا ئەتراپىڭدىكى بارلىق ئەللەرنىڭ كۈلكىسىگە قالدىڭ. ھېچكىم سېنى كۆزگە ئىلمايدۇ.58سەن بۇزۇقچىلىق ۋە يىرگىنچلىك ئىشلىرىڭنىڭ جازاسىنى تارتىسەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.
59مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: ‹سەن قىلغان قەسىمىڭگە ۋاپا قىلماي، ئەھدىمىزنى بۇزدۇڭ. شۇڭا قىلمىشىڭغا يارىشا جازالىنىسەن.60لېكىن مەن يەنىلا سېنىڭ ياش چاغلىرىڭدا سەن بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى ئەسكە ئېلىپ، ئۇنى يېڭىلاپ، مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىمەن.61سەن ئاچا-سىڭىللىرىڭنى قوبۇل قىلغان ۋاقتىڭدا، بۇرۇن قىلغان قىلمىشلىرىڭنى ئويلاپ، نومۇس ھېس قىلىسەن. گەرچە بۇ ئىش بۇرۇن مەن سەن بىلەن تۈزگەن ئەھدىدە بولمىسىمۇ، لېكىن مەن ئۇلارنى سېنىڭ قىزلىرىڭ قىلىپ، ساڭا تاپشۇرۇپ بېرىمەن.62مەن سەن بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى يېڭىلىغاندا، سەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسەن.63سېنىڭ بارلىق گۇناھلىرىڭنى ساقىت قىلغىنىمدا، بۇرۇن قىلغان قىلمىشلىرىڭنى ئويلاپ، نومۇس قىلغىنىڭدىن ئاغزىڭنى ئېچىشقا جۈرئەت قىلالمايسەن. بۇ مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.›»

 

17

بۈركۈت بىلەن ئۈزۈم تېلى ھەققىدىكى تەمسىل

1پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
2_ ئەي ئادەم بالىسى، سەن ئىسرائىل خەلقىگە تۆۋەندىكى مەسەل ۋە تەمسىلنى ئېيتىپ بەر ۋە3ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «چوڭ بىر بۈركۈت بولۇپ، قاناتلىرى كەڭ، پەيلىرى كۆپ ۋە رەڭدار ئىكەن. بۇ بۈركۈت لىۋانغا كېلىپ، كېدىر دەرىخىنىڭ ئۇچىدىن بىر شاخنى سۇندۇرۇپ ئاپتۇ.4ئاندىن ئۈزۈپ ئالغان بۇ يۇمران شاخنى سودىگەرلەرنىڭ زېمىنىغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ بىر شەھىرىگە تىكىپتۇ.5ئۇ يەنە ئىسرائىلىيەدىن بىر دانە ئۈزۈم نوتىسىنى ئېلىپ، مۇنبەت يەرگە، يەنى سۇ بويىغا سۆگەت تىككەندەك تىكىپتۇ.6نوتا شاخلاپ، ئۈزۈم تېلىغا ئايلانغاندا، ئۇنىڭ شاخلىرى بۈركۈت تەرەپكە قاراپ بوي تارتىپتۇ. ئۇ يەر ئاستىغا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، يوپۇرماقلىرى قويۇقلىشىپ، بۈك-باراقسانلىشىپتۇ.
7كېيىن يەنە بىر چوڭ بۈركۈت ئۇچۇپ كەپتۇ. ئۇنىڭ قاناتلىرى كەڭ، پەيلىرى كۆپ ئىكەن. ھېلىقى بۈك-باراقسان ئۈزۈم تېلى بۈركۈتنىڭ ئۆزىنى سۇغىرىشىغا تەشنا بولۇپ، تىكىلگەن يېرىدىن يىلتىزى ۋە شېخىنى بۈركۈت تەرەپكە سوزۇپتۇ.8ئەسلى بۇ كۆچەت بۈك-باراقسان ئۆسۈپ، مول مېۋە بېرىپ، كۆركەم ئۈزۈم تېلىغا ئايلىنىشى ئۈچۈن مۇنبەت يەرگە، يەنى مول سۇ بويىغا تىكىلگەنىكەن.»
9ئۇلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «بۇ ئۈزۈم تېلى ئەمدى يەنە بۈك-باراقسان ئۆسەلەمدىكەن!؟ ئەجەبا، كۆچەتنى تىككەن بۈركۈت ئەمدى ئۇنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ، ئۈزۈملىرىنى ئۈزۈپ، يوپۇرماقلىرىنى قۇرۇتۇپ تاشلىيالمامدىكەن!؟ ئۈزۈم تېلىنى قومۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن كۈچلۈك قول ياكى زور بىر قوشۇن كېرەك ئەمەس.10كۆچۈرۈلگەن ئۈزۈم تېلى يەنە بۈك-باراقسان ئۆسەلەمدۇ، ئۇنى شەرق شامىلى قۇرۇتۇۋەتمەمدۇ، كۆچەت كۆچۈرۈلگەن جايىدا قۇرۇپ قالمامدۇ؟!»

تەمسىلنىڭ مەنىسى

11پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
12_ بۇ ئاسىي خەلققە ئېيت: «سىلەر بۇ تەمسىلنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەمسىلەر؟ بابىل پادىشاھى يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭ پادىشاھ ۋە ئەمەلدارلىرىنى ئەسىرگە ئېلىپ، بابىلغا ئېلىپ كەتتى.13بابىل پادىشاھى يەھۇدىيەنىڭ خان جەمەتىدىكىلەردىن بىرىنى تاللاپ، ئۇنى پادىشاھ قىلىپ تىكلەپ، ئۇنىڭ بىلەن ئەھدە تۈزدى ۋە ئۇنى ئەھدىسىگە ۋاپا قىلىشقا قەسەم قىلدۇردى. بابىل پادىشاھى يەھۇدىيەنىڭ باشقا يېتەكچىلىرىنىمۇ ئەسىرگە ئېلىپ، بابىلغا ئېلىپ كەتتى.14بۇنىڭدىكى مەقسەت يەھۇدىيەنىڭ پادىشاھلىقىنى ئاجىزلىتىپ، قايتىدىن ئىسيان كۆتۈرەلمەيدىغان، پەقەت ئەھدىگە بويسۇنغاندىلا ھايات قالالايدىغان قىلىش ئىدى.15لېكىن يەھۇدىيەگە تىكلەنگەن پادىشاھ بابىل پادىشاھىغا قارشى ئىسيان كۆتۈردى. ئۇ ئەلچىلىرىنى مىسىرغا ئەۋەتىپ، جەڭ ئاتلىرى ۋە لەشكەر سورىدى. ئەمما ئۇنىڭ غەلىبە قىلالىشى مۇمكىنمۇ؟! ئۇ مۇشۇنداق قىلسا جازادىن قانداق قېچىپ قۇتۇلالىسۇن؟! ئۇ ئەھدىنى بۇزغان تۇرسا، جازالانماي قالارمۇ؟!
16مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بۇ پادىشاھ بابىلدا، يەنى ئۇنى پادىشاھ قىلىپ تىكلىگەن بابىل پادىشاھىنىڭ شەھىرىدە ئۆلىدۇ. چۈنكى ئۇ قىلغان قەسىمىگە ۋاپا قىلماي، بابىل پادىشاھى بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى بۇزدى.
17بابىل پادىشاھى قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن يېرۇسالېمنى قورشاپ، سېپىلغا توپا دۆۋىلىگەندە، پىرئەۋننىڭ زور ۋە كۈچلۈك قوشۇنى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەھۇدىيە پادىشاھىغا ياردەم بەرمەيدۇ.18يەھۇدىيە پادىشاھى قەسىمىگە ۋاپا قىلماي، تۈزگەن ئەھدىسىنى بۇزغانلىقى ئۈچۈن، بېشىغا كېلىدىغان بالا-قازادىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.
19مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇنى چوقۇم جازالايمەن، چۈنكى ئۇ مېنىڭ نامىم بىلەن قىلغان قەسىمىگە ۋاپا قىلماي، بابىل پادىشاھى بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى بۇزدى.20مەن تورۇمنى يېيىپ، ئۇنى تۇتىمەن. ئۇنى بابىلغا ئېلىپ بېرىپ، ماڭا قىلغان ساداقەتسىزلىكى ئۈچۈن، ئۇنى سوراق قىلىمەن.21ئۇنىڭ بارلىق خىل لەشكەرلىرى قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدۇ. قالغانلىرى تۆت ئەتراپقا قېچىپ كېتىدۇ. شۇندىلا سىلەر بۇ سۆزلەرنى ئېيتقۇچىنىڭ مەن پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.
22مەن دەيمەنكى، ئېگىز كېدىر دەرىخىنىڭ ئۇچىدىن بىر تال نوتا ئېلىپ، يەنى ئەڭ ئېگىز ئۇچىدىن بىر تال يۇمران نوتا سۇندۇرۇپ، ئۇنى ئېگىز بىر تاغنىڭ چوققىسىغا تىكىمەن.23ئۇ ئىسرائىلىيەنىڭ ئېگىز تاغ چوققىسىدا ئۆسۈپ، شاخ چىقىرىپ، باراقسان بولۇپ، كۆركەم بىر كېدىر دەرىخىگە ئايلىنىدۇ، ھەر خىل قۇشلار شاخلىرىغا كېلىپ قونىدۇ، سايىسىدا پاناھلىنىدۇ.24دالادىكى ھەممە دەرەخلەر مەنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئېگىز دەرەخلەرنى پاكار، پاكار دەرەخلەرنى ئېگىز قىلالايدىغانلىقىمنى، ياشىرىپ تۇرغان دەرەخلەرنى قۇرۇتۇپ، قۇرۇپ قالغان دەرەخلەرنى كۆكلىتىدىغانلىقىمنى بىلىشىدۇ. بۇنى مەنكى پەرۋەردىگار ئېيتتىم، مەن دېگىنىمنى قىلىمەن.»

 

18

ھەركىم ئۆز گۇناھىغا جاۋابكاردۇر

1پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
2_ سىلەر نېمە ئۈچۈن ئىسرائىلىيە ھەققىدە ئېيتىلغان «ئاتا-ئانىسى توڭ ئۈزۈم يېسە، بالىلىرىنىڭ چىشى قاماپتۇ» دېگەن ماقالنى قايتا تىلغا ئالىسىلەر؟3مەنكى ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىلەر ئەمدى ئىسرائىلىيەدە بۇ ماقالنى قايتا تىلغا ئالمايدىغان بولىسىلەر.4چۈنكى پۈتكۈل ئىنسان ماڭا تەۋەدۇر، ئاتىمۇ، بالىمۇ ماڭا تەۋەدۇر. كىم گۇناھ قىلسا، شۇ ھالاك بولىدۇ.
5ئەگەر ئادىل ھەم دۇرۇس ئىش قىلىدىغان ھەققانىي بىر ئادەم بار دېيىلسە،6ئۇ تاغدىكى بۇتخانىلارغا بېرىپ قۇربانلىق گۆشلىرىنى يېمىسە، ئىسرائىللار چوقۇنغان بۇتلارغا چوقۇنمىسا، زىنا قىلمىسا، ھەيزدار ئايالغا يېقىنلاشمىسا،7باشقىلارنى بوزەك قىلمىسا، ئەكسىچە باشقىلارنىڭ گۆرۈگە قويغان نەرسىلىرىنى قايتۇرۇپ بەرسە، ئوغرىلىق قىلمىسا، ئاچلارغا يېمەك-ئىچمەك، يالىڭاچلارغا كىيىم-كېچەك بەرسە،8قەرز بەرگەن پۇلىدىن ئۆسۈم ياكى جازانە ئالمىسا، ئادالەتسىز ئىشلاردىن يىراق تۇرسا، ئادالەت بىلەن ئىش بېجىرسە،9مېنىڭ قانۇن ۋە بەلگىلىمىلىرىمگە چىن قەلبىدىن ئەمەل قىلسا، ئۇ ئادەم ھەققانىي ئادەمدۇر، ئۇ چوقۇم ھايات قالىدۇ. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.
10ئەگەر ئۇ ئادەمنىڭ زوراۋان بىر ئوغلى بار دېيىلسە، ئۇ قان تۆكۈپ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان قىلمىشلارنىڭ بىرەرسىنى قىلسا،11ئۆز ئاتىسى ئەزەلدىن قىلىپ باقمىغان يامان ئىشلارنى قىلسا، يەنى تاغدىكى بۇتخانىلارغا بېرىپ بۇتقا ئاتالغان قۇربانلىق گۆشلەرنى يېسە، زىنا قىلسا،12نامرات ۋە موھتاجلارنى بوزەك قىلسا، ئوغرىلىق قىلسا، باشقىلار گۆرۈگە قويغان نەرسىلەرنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالسا، بۇتقا چوقۇنۇپ، يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلسا،13قەرز بەرگەن پۇلىدىن ئۆسۈم ياكى جازانە ئالسا، بۇ ئوغۇل يەنە ھايات قېلىشى كېرەكمۇ؟ ياق، ئۇ چوقۇم ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن، چۈنكى ئۇ يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلدى. ئۇ چوقۇم ئۆز گۇناھىنىڭ جازاسىنى تارتسۇن.
14ئەگەر ئاشۇ زوراۋان ئوغلىنىڭ بىر بالىسى بار دېيىلسە، ئۇ ئاتىسىنىڭ قىلمىشلىرىنى كۆرۈپ، ئاتىسىنىڭ ئىزىدىن ماڭمىسا،15تاغدىكى بۇتخانىلارغا بېرىپ بۇتلارغا ئاتالغان قۇربانلىقلارنى يېمىسە، ئىسرائىللار چوقۇنغان بۇتلارغا چوقۇنمىسا، زىنا قىلمىسا،16باشقىلارنى بوزەك قىلىپ، گۆرۈگە قويغان نەرسىلىرىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالمىسا، ئوغرىلىق قىلمىسا، ئاچلارغا يېمەك-ئىچمەك، يالىڭاچلارغا كىيىم-كېچەك بەرسە،17نامراتلارغا بېسىم قىلمىسا، قەرز بەرگەن پۇلىدىن ئۆسۈم ياكى جازانە ئالمىسا، مېنىڭ قانۇن ۋە بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلسا، ئۇ ئاتىسىنىڭ گۇناھى سەۋەبىدىن ئۆلۈمگە مەھكۇم بولمايدۇ، ئۇ چوقۇم ھايات قالىدۇ.18لېكىن ئۇنىڭ ئاتىسىغا كەلسەك، ئۇ باشقىلارنى قاقتى-سوقتى قىلغان، ئىسرائىل قېرىنداشلىرىنىڭ مال-مۈلكىنى ئوغرىلىغان ۋە نۇرغۇن ھەقسىزلىقلارنى قىلغان گۇناھلىرى سەۋەبىدىن چوقۇم ئۆلۈمگە مەھكۇم بولىدۇ.
19سىلەر: «بالىسى نېمە ئۈچۈن ئاتىسىنىڭ گۇناھلىرىنىڭ جازاسىنى تارتمايدۇ؟» دەپ سورايسىلەر. چۈنكى بالىسى ئادىل ھەم دۇرۇس ئىش قىلدى، مېنىڭ قانۇنۇمغا ئەمەل قىلدى، شۇڭا ئۇ چوقۇم ھايات قالىدۇ.20كىم گۇناھ قىلسا، شۇ ھالاك بولىدۇ. بالىسى ئاتىسىنىڭ قىلمىشلىرىغا، ئاتىسىمۇ بالىسىنىڭ قىلمىشلىرىغا جاۋابكار ئەمەستۇر. ھەققانىيلار ھەققانىيلىقىغا لايىق ئىنئامغا ئېرىشىدۇ، رەزىللەر رەزىللىكىگە لايىق جازالىنىدۇ.
21ئەگەر رەزىل ئادەم گۇناھلىق ئىشلىرىدىن قول ئۈزۈپ، مېنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلسا ۋە ئادىل ھەم دۇرۇس ئىشلارنى قىلسا، چوقۇم ھايات قالىدۇ، ھالاك بولمايدۇ.22ئۇنىڭ بۇرۇن ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى سۈرۈشتە قىلىنمايدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ قىلغان توغرا ئىشلىرى سەۋەبىدىن ھايات قالىدۇ.23مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار شۇنداق سورايمەنكى، ئەجەبا، رەزىللەر ئۆلسە، مەن خۇرسەن بولارمەنمۇ؟ ئۇلارنىڭ گۇناھلىق يوللىرىدىن يېنىپ، ھايات قېلىشىنى خالىمايمەنمۇ؟24ھەققانىي ئادەم ھەق يولىدىن يېنىپ، ئادالەتسىزلىك قىلسا، رەزىللەر بىلەن بىرگە يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلسا، ئەجەبا بۇنداق ئادەم يەنىلا ھايات قېلىشى كېرەكمۇ؟ مەن بۇنداق ئادەمنىڭ بۇرۇنقى ھەققانىي ئىشلىرىنى ھېسابقا ئالمايمەن، ئۇ ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلغانلىقى ۋە قىلغان گۇناھلىرى سەۋەبىدىن ھالاك بولىدۇ.
25لېكىن سىلەر: «ئىگىمىزنىڭ بۇنداق قىلىشى ئادالەتسىزلىكتۇر» دەيسىلەر. ئەي ئىسرائىل خەلقى، ئاڭلاڭلار، مېنىڭ ئەمەس، بەلكى دەل سىلەرنىڭ قىلغىنىڭلار ئادالەتسىزلىكتۇر!26ئەگەر ھەققانىي ئادەم ھەق يولىدىن يېنىپ، ئادالەتسىزلىك قىلسا، ئۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم بولىدۇ، قىلغان ئادالەتسىزلىكى تۈپەيلىدىن چوقۇم ھالاك بولىدۇ.27ئەگەر رەزىل ئادەم رەزىللىكىدىن يېنىپ، ئادىل ھەم دۇرۇس ئىشلارنى قىلسا، ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالىدۇ.28چۈنكى ئۇ ھوشىنى تېپىپ، گۇناھىدىن قول ئۈزگەنلىكى ئۈچۈن چوقۇم ھايات قالىدۇ، ھالاك بولمايدۇ.29لېكىن سىلەر ئىسرائىللار: «ئىگىمىزنىڭ بۇنداق قىلىشى ئادالەتسىزلىكتۇر» دەيسىلەر. ئەي ئىسرائىل خەلقى، مېنىڭ ئەمەس، بەلكى دەل سىلەرنىڭ قىلغىنىڭلار ئادالەتسىزلىكتۇر!
30شۇڭا مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، ئەي ئىسرائىل خەلقى، مەن ھەربىرىڭلارنى قىلمىشلىرىڭلارغا لايىق جازالايمەن! گۇناھىڭلارنىڭ سىلەرنى نابۇت قىلماسلىقى ئۈچۈن، توۋا قىلىپ، گۇناھلىرىڭلاردىن قول ئۈزۈڭلار.31سىلەر بۇرۇنقى بارلىق گۇناھلىق ئىشلىرىڭلاردىن قول ئۈزۈپ، قەلبىڭلارنى ۋە روھىڭلارنى يېڭىلاڭلار. ئەي ئىسرائىل خەلقى، ھالاك بولۇشنى خالامسىلەر؟32مەن ھەرقانداق ئادەمنىڭ ھالاك بولۇشىدىن خۇرسەنلىك ھېس قىلمايمەن. توۋا قىلىڭلار، ھايات قالىسىلەر. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

 

19

1پەرۋەردىگار ماڭا:
_ سەن ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھلىرى ئۈچۈن تۆۋەندىكى مەرسىيەنى ئوقۇ، _ دېدى.

2«ئوخشايتتى ئاناڭ نېمىگە؟

ئوخشايتتى ئۇ شىرلار ئارىسىدىكى ئانا شىرغا،

بالىسىنى باقاتتى ئۇ، يېتىپ ياش شىرلار ئارىسىدا.

3بېقىپ ئۇ بىر كۈچۈكىنى،

كۈچلۈك شىر قىلىپ چىقتى ئۇنى.

ئۆگەندى شىر كۈچۈكى ئوۋ ئوۋلاشنى

ۋە ئادەم يېيىشنى.

4بۇنى بىلىپ باشقا ئەللەر

تۇزاق قۇرۇپ ئۇنىڭغا، تۇتتى ئۇنى

ۋە ئېلىپ كەلدى بۇرنىغا ئىلمەك سېلىپ مىسىرغا.

5كۈتۈۋېرىپ ئانا شىر ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشىنى،

ئۈزدى ئۇنىڭغا باغلىغان ئۈمىدىنى.

ئۇ يەنە بېقىپ بىر شىر كۈچۈكىنى،

كۈچلۈك شىرغا ئايلاندۇردى ئۇنى.

6ئايلانغاچ ئۇ كۈچلۈك شىرغا،

يۈرەتتى ئۇ شىر توپىنىڭ ئارىسىدا.

ئۆگەندى ئۇ ئوۋ ئوۋلاشنى

ۋە ئادەم يېيىشنى.

7ئۇ بۇزۇپ يات خەلقلەرنىڭ قەلئەلىرىنى،

خارابە قىلدى شەھەرلىرىنى.

تىترەيتتى يەر-جاھان ئاڭلىسا ئۇنىڭ ھۆركىرىگەن ئاۋازىنى.

8شۇڭا يات ئەللەر تەرەپ-تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىپ ئۇنىڭغا،

چۈشۈردى ئۇنى تورلىرىغا.

چۈشتى ئۇ ئۇلارنىڭ تۇزىقىغا.

9ئۇلار ئىلمەك بىلەن تۇتۇپ ئۇنى، سولىدى قەپەسكە،

ئېلىپ باردى بابىل پادىشاھىنىڭ ئالدىغا.

ئۇ تۇتقۇن بولغاچ ئۇ يەردە،

ئۇنىڭ ئاۋازى ئاڭلانمايدۇ ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرىدا.

10ئاناڭ ئۈزۈمزارلىقتىكى ئۈزۈم تېلىغا ئوخشار،

ئۈزۈم تېلى تىكىلگەچ سۇ بويىغا،

مېۋىسى مول، ياپراق، شاخلىرى قويۇق ئىدى،

چۈنكى ئۇ ئىدى مول سۇ بويىدا.

11ئۇنىڭ شاخلىرى پادىشاھنىڭ سەلتەنەت ھاسىسى بولغۇدەك قاۋۇل ئىدى،

باشقا ئۈزۈم تاللىرىغا قارىغاندا ئېگىز ئۆسكەنىدى.

ئۇنىڭ ياپراقلىرى ناھايىتى قويۇق ئىدى ۋە ئۇلارنى يىراقتىن كۆرگىلى بولاتتى.

12لېكىن ئۇ غەزەپ بىلەن يىلتىزىدىن قومۇرۇلۇپ، يەرگە تاشلاندى.

چۆلدىن كېلىدىغان ئىسسىق شەرق شامىلى مېۋىلىرىنى قۇرۇتتى،

باراقسان شاخلىرىمۇ قۇرىدى.

ئوت ئۇنى يالماپ يوقاتتى.

13ئەمدى ئۇ چۆلگە،

يەنى قۇرغاق سۇسىز يەرگە تىكىلدى.

14ئوت ئۇنىڭ شاخلىرىدىن تۇتىشىپ،

مېۋىلىرىنى كۆيدۈرگەنىدى،

سەلتەنەت ھاسىسى بولغۇدەك بىرەر قاۋۇل شېخىمۇ قالمىغانىدى.»

بۇ بىر مەرسىيەدۇر، بۇنى مەرسىيە قىلىپ ئېيتىڭلار.

 

20

ئىسيانكار ئىسرائىل

1سۈرگۈندىكى ۋاقتىمىزنىڭ 7-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى*بىرقانچە ئىسرائىل ئاقساقاللىرى پەرۋەردىگاردىن مەسلىھەت سوراش ئۈچۈن ئالدىمغا كېلىپ ئولتۇردى.2پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
3_ ئەي ئادەم بالىسى، ئۇلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «مەن پەرۋەردىگاردىن مەسلىھەت سوراش ئۈچۈن كەلدىڭلارمۇ؟ مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن سىلەرگە ھېچقانداق مەسلىھەت بەرمەيمەن!»
4ئەي ئادەم بالىسى، كەلگەن ئادەملەرنى ئەيىبلە ۋە ئۇلارغا تەنبىھ بەر. ئۇلارغا ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىنى بىلدۈر.5ئۇلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «مەن ئىسرائىل خەلقىنى تاللىغان كۈنى مىسىردا ياقۇپ ئەۋلادلىرىغا ئايان بولۇپ، ئۇلارنىڭ خۇداسى بولۇشقا قەسەم قىلغانىدىم.6ئاشۇ كۈنى مەن ئۇلارغا ئۇلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىدىغانلىقىم، ئۇلارنى ئۇلار ئۈچۈن مەن تاللىغان سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىندىكى ئەڭ گۈزەل ماكانغا ئېلىپ بارىدىغانلىقىم ھەققىدە ۋەدە بەرگەنىدىم.7مەن ئۇلارغا: ‹سىلەرنىڭ كۆزلىرىڭلارنى سېھىرلىگەن يىرگىنچلىك بۇتلىرىڭلارنى تاشلاڭلار، مىسىرنىڭ بۇتلىرى بىلەن ئۆزۈڭلارنى بۇلغىماڭلار، چۈنكى مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن› دېدىم.8لېكىن ئۇلار ماڭا ئاسىيلىق قىلىپ، سۆزۈمنى ئاڭلىمىدى. ھېچكىم ئۆزلىرىنىڭ كۆزلىرىنى سېھىرلىگەن يىرگىنچلىك نەرسىلىرىنى ۋە مىسىرنىڭ بۇتلىرىنىمۇ يوقاتمىدى. ئەسلى مەن ئۇلارغا مىسىردا غەزىپىمنى ياغدۇرۇپ، ئاچچىقىمنى چىقىرىمەن، دەپ نىيەت قىلغانىدىم.9لېكىن مەن نام-شەرىپىمنىڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشاۋاتقان يات خەلقلەرنىڭ كۆز ئالدىدا بۇلغانماسلىقى ئۈچۈن نىيىتىمدىن ياندىم. چۈنكى ئۇ خەلقلەر مېنىڭ ئىسرائىللار ئالدىدا ئايان بولغانلىقىمنى ۋە ئۇلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققانلىقىمنى بىلەتتى.
10شۇڭا مەن ئۇلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققاندىن كېيىن، چۆللۈككە باشلاپ باردىم.11ئۇ يەردە مەن ئۇلارغا مېنىڭ قانۇن ۋە بەلگىلىمىلىرىمنى ئېلان قىلدىم. كىمكى بۇلارغا رىئايە قىلسا، ھايات قالىدۇ.12مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارنى پاك بىر خەلق قىلىدىغانلىقىمنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئارىمىزدىكى ئەھدىمىزنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە ئۇلارغا دەم ئېلىش كۈنىنى بەردىم.13لېكىن ئىسرائىل خەلقى چۆللۈكتە ماڭا ئاسىيلىق قىلدى. ئۇلار قانۇنلىرىمغا ئەمەل قىلمىدى، بەلگىلىمىلىرىمنى رەت قىلدى، (ئۇلارغا ئەمەل قىلغۇچى ھايات قالىدۇ.) مەن بېكىتكەن دەم ئېلىش كۈنىنىمۇ بۇلغىدى. شۇڭا مەن چۆللۈكتە ئۇلارغا غەزىپىمنى ياغدۇرۇپ، ئۇلارنى يوقاتماقچى بولدۇم.14لېكىن مەن نام-شەرىپىمنىڭ يات خەلقلەرنىڭ كۆز ئالدىدا بۇلغانماسلىقى ئۈچۈن نىيىتىمدىن ياندىم. چۈنكى ئۇلار مېنىڭ ئىسرائىللارنى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا مىسىردىن ئېلىپ چىققانلىقىمنى بىلىدۇ.15ۋاھالەنكى، مەن چۆللۈكتە ئۇلارغا ئاتا قىلماقچى بولغان سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىندىكى ئەڭ گۈزەل ماكانغا باشلاپ كىرمەسلىككە قەسەم قىلدىم.16چۈنكى ئۇلار بەلگىلىمىلىرىمنى رەت قىلدى ۋە قانۇنلىرىمغا ئەمەل قىلمىدى. مەن بېكىتكەن دەم ئېلىش كۈنلىرىنىمۇ بۇلغىدى، قەلبلىرىنى بۇتلارغا بەردى.17شۇنداقتىمۇ مەن ئۇلارنى ئايىدىم، ئۇلارنى ۋەيران قىلمىدىم، چۆللۈكتە پۈتۈنلەي ھالاك قىلمىدىم.
18مەن چۆللۈكتە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە: ‹ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ ئىزىدىن ماڭماڭلار، ئۇلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى دورىماڭلار ۋە ئۇلارنىڭ بۇتلىرى بىلەن ئۆزۈڭلارنى بۇلغىماڭلار.19مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن. مېنىڭ قانۇنۇمغا رىئايە قىلىڭلار، بەلگىلىمىلىرىمگە كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلىڭلار.20مەن بېكىتكەن دەم ئېلىش كۈنى ئارىمىزدىكى بىر بەلگىدۇر، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، مېنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر› دېدىم.
21لېكىن ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىمۇ ماڭا ئاسىيلىق قىلدى. قانۇنلىرىمغا رىئايە قىلمىدى، بەلگىلىمىلىرىمگە بويسۇنمىدى. (ئۇلارغا ئەمەل قىلغۇچى ھايات قالىدۇ.) مەن بېكىتكەن دەم ئېلىش كۈنىنىمۇ بۇلغىدى. شۇڭا مەن چۆللۈكتە ئۇلارغا غەزىپىمنى ياغدۇرۇپ، ئاچچىقىمنى چىقارماقچى بولدۇم.22لېكىن مەن بۇنداق قىلىشتىن قولۇمنى تارتتىم ۋە نام-شەرىپىمنىڭ يات خەلقلەرنىڭ كۆز ئالدىدا بۇلغانماسلىقى ئۈچۈن نىيىتىمدىن ياندىم. چۈنكى ئۇلار مېنىڭ ئىسرائىللارنى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا مىسىردىن ئېلىپ چىققانلىقىمنى بىلىدۇ.23ئۇلار چۆلدىكى ۋاقتىدا، مەن ئۇلارنى ياقا يۇرتلارغا تارقىتىۋېتىمەن، يات ئەللەرگە چېچىۋېتىمەن، دەپ قەسەم قىلدىم.24چۈنكى ئۇلار مېنىڭ قانۇنلىرىمغا رىئايە قىلمىدى، بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلمىدى، بېكىتكەن دەم ئېلىش كۈنىنىمۇ بۇلغىدى، ئاتا-بوۋىلىرى چوقۇنغان بۇتلارغا مەپتۇن بولدى.‏25شۇڭا مەن ئۇلارنىڭ پايدىسىز قائىدىلەرگە ئەمەل قىلىشىغا، ھاياتىنى ساقلاپ قالالمايدىغان قانۇنلارغا بويسۇنۇشىغا يول قويدۇم.26مەن ئۇلارنى ئۆزلىرى سۇنغان ھەدىيىلىرى، يەنى تۇنجى ئوغۇللىرىنى قۇربانلىق قىلىپ، كۆيدۈرۈشى ئارقىلىق ئۆزلىرىنى بۇلغىشىغا يول قويدۇم. شۇ ئارقىلىق ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلسۇن دەپ، ئۇلارنى مۇشۇنداق ۋەھىمىگە چۈشۈردۈم.»
27ئەي ئادەم بالىسى، ئىسرائىل خەلقىگە ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئاتا-بوۋىلىرىڭلار ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، مېنى ھاقارەتلىدى.28مەن ئۇلارغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىنغا ئۇلارنى باشلاپ كىرگەندىن كېيىن، ئۇلار ھەربىر ئېگىزلىكنى، ھەربىر بۈك-باراقسان دەرەخنى كۆرگەن ھامان، ئۇ يەرلەردە قۇربانلىق قىلىپ، بۇتلارنى قويۇپ، خۇش پۇراقلىق ھەدىيەلەرنى كۆيدۈرۈپ، شاراب سۇنۇپ، غەزىپىمنى قوزغىدى.29مەن ئۇلاردىن: ‹سىلەر بارىدىغان ئېگىزلىكىنىڭ قانداق جاي ئىكەنلىكىنى بىلمەمسىلەر؟› دەپ سورىدىم.» (شۇنىڭدىن كېيىن بۇ يەر «باماھ» [مەنىسى «ئېگىزلىك»] دەپ، ئاتالدى.)
30شۇڭا سەن ئىسرائىل خەلقىگە ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «سىلەر ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا ئوخشاش يىرگىنچلىك بۇتقا چوقۇنۇپ، ئۆزۈڭلارنى بۇلغىماقچىمۇ؟31سىلەرنىڭ بۈگۈنگە قەدەر بۇتلارغا ھەدىيەلەرنى سۇنۇپ، بالىلىرىڭلارنى بۇتقا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىپ، ئوتتا كۆيدۈرۈپ كەلگىنىڭلار ئۆزۈڭلارنى بۇلغىغانلىق ئەمەسمۇ؟! ئەي ئىسرائىل خەلقى، شۇنداق ئىكەن، مەن سىلەرگە مەسلىھەت بېرەرمەنمۇ؟ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىلەرنىڭ مەندىن مەسلىھەت سورىشىڭلارغا قەتئىي يول قويمايمەن.
32سىلەر باشقا ئەللەرگە، يەنى يات خەلقلەرگە ئوخشاش ياغاچ ۋە تاشلارغا چوقۇنساق، دەپ ئويلايسىلەر، لېكىن سىلەرنىڭ بۇ خىيالىڭلار ئەمەلگە ئاشمايدۇ.33مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ھەممىگە قادىر قۇدرەتلىك قولۇم ۋە قاتتىق غەزىپىم بىلەن سىلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىمەن.34مەن سىلەرنى تارقىلىپ كەتكەن ياقا يۇرتلاردىن ۋە يات ئەللەردىن ھەممىگە قادىر قۇدرەتلىك قولۇم ۋە قاتتىق غەزىپىم بىلەن يىغىمەن.35سىلەرنى يات ئەللەرنىڭ چۆللۈكلىرىگە باشلاپ بېرىپ، يۈزمۇيۈز سوراق قىلىمەن.36خۇددى مەن ئىلگىرى ئەجدادلىرىڭلارنى مىسىرنىڭ چۆللۈكىدە سوراق قىلغانغا ئوخشاش، سىلەرنىمۇ سوراق قىلىمەن. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.37مەن سىلەرنى تاياق ئاستىدىن ئۆتكۈزۈپ تەكشۈرىمەن ۋە ئەھدىگە رىئايە قىلدۇرىمەن.38ئاراڭلاردىكى ئاسىي ۋە گۇناھكارلارنى يوقىتىمەن. گەرچە مەن ئۇلارنى يات ئەللەردىن ئېلىپ چىققان بولساممۇ، لېكىن ئۇلار ئىسرائىلىيە زېمىنىغا كىرەلمەيدۇ. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.
39مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: ‹ئەي ئىسرائىل خەلقى، ئەگەر سۆزۈمگە قۇلاق سېلىشنى خالىمىساڭلار، يوقىلىڭلار، بۇتلىرىڭلارغا چوقۇنۇۋېرىڭلار! لېكىن سىلەرنىڭ ئەمدى بۇتلىرىڭلارغا قىلغان قۇربانلىق ھەدىيەلىرىڭلار ئارقىلىق مېنىڭ مۇقەددەس نامىمنى يەنە بۇلغىشىڭلارغا يول قويمايمەن.40مەن دەيمەنكى، مۇقەددەس تېغىمدا، يەنى ئىسرائىلىيە زېمىنىدىكى ئېگىز تاغدا بارلىق ئىسرائىللار ماڭا خىزمەت قىلىدۇ، ئۇ يەردە مەن ئۇلارنى قوبۇل قىلىمەن. سىلەرنىڭ ئۇ يەردە ماڭا بېكىتىلگەن ھەدىيەلەرنى، ئېسىل سوۋغاتلارنى ۋە مۇقەددەس قۇربانلىقىڭلارنى سۇنۇشۇڭلارنى ئەمر قىلىمەن.41سىلەرنى تارقىلىپ كەتكەن ياقا يۇرتلاردىن، يات ئەللەردىن يىغىپ ئەكەلگەندە، سىلەرنى خۇددى مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقتەك قوبۇل قىلىمەن. مەن يات خەلقلەرنىڭ ئالدىدا ئۆزۈمنىڭ ئاراڭلاردىكى مۇقەددەسلىكىمنى نامايان قىلىمەن.42مەن سىلەرنى ئەجدادلىرىڭلارغا بېرىشكە ۋەدە قىلىنغان ئىسرائىل زېمىنىغا باشلاپ بارغاندا، سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.43سىلەر ئۇ يەردە، بۇرۇن قىلغان قىلمىشىڭلارنى ۋە ئۆزۈڭلارنى بۇلغىغان ناپاك ئىشلارنى ئەسكە ئالىسىلەر ۋە قىلغان بارلىق يامانلىقلىرىڭلارنى ئويلاپ ئۆزۈڭلاردىن نەپرەتلىنىسىلەر.44ئەي ئىسرائىل خەلقى، نام-شەرىپىم ئۈچۈن سىلەرنى رەزىل ۋە يىرگىنچلىك قىلمىشىڭلارغا لايىق جازالىمايمەن. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.›»

نەگېبتىكى ئوت

45پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
46_ ئەي ئادەم بالىسى، جەنۇبقا يۈزلىنىپ تۇرۇپ، نەگېبتىكى ئورمانلىققا قارشى ۋەھىيىمنى يەتكۈز47ۋە ئۇنىڭغا ئىگەڭ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئەي نەگېبتىكى ئورمانلىق، پەرۋەردىگارىڭنىڭ سۆزىگە قۇلاق سال. مەن ساڭا ئوت قويىمەن، بۇ ئوت سەندىكى بارلىق ياشىرىپ تۇرغان ۋە قۇرۇپ كەتكەن دەرەخلەرنى كۆيدۈرۈپ تۈگىتىدۇ. بۇ يالقۇنلۇق ئوتنى ھېچكىم ئۆچۈرەلمەيدۇ، بۇ ئوت جەنۇبتىن شىمالغىچە ھەممىنى كۆيدۈرىدۇ.48شۇندىلا پۈتۈن دۇنيادىكى كىشىلەر بۇ ئوتنى مەن پەرۋەردىگارنىڭ قويغانلىقىنى بىلىشىدۇ، ئۇنى ھېچكىم ئۆچۈرەلمەيدۇ.»
49شۇ چاغدا مەن:
_ ئەي ئىگەم پەرۋەردىگار، ئۇلار مېنى «بۇ ئادەم پەقەت مەسەل سۆزلەۋاتىدۇ» دېيىشىۋاتىدۇ، _ دېدىم.


*20: 1مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 591 يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.


 

21

پەرۋەردىگارنىڭ قىلىچى

1پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
2_ ئەي ئادەم بالىسى، يېرۇسالېمغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭدىكى ئىبادەتخانىغا قارشى سۆزلە، ئىسرائىلىيەگە قارشى ۋەھىيىمنى يەتكۈز3ۋە ئۇنىڭغا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئەي ئىسرائىلىيە، مەن ساڭا قارشى تۇرىمەن، قىلىچىمنى قىنىدىن سۇغۇرۇپ، سەندىكى ھەققانىيلارنى ۋە رەزىللەرنى قوشۇپ يوقىتىمەن.4ھەققانىيلارنى ۋە رەزىللەرنى يوقىتىش ئۈچۈن مەن قىلىچىمنى قىنىدىن سۇغىرىمەن، قىلىچىم جەنۇبتىن شىمالغىچە ھەممە ئادەمگە قارشى تۇرىدۇ.5شۇندىلا جاھان ئەھلى قىلىچىنى غىلىپىدىن چىقارغۇچىنىڭ مەن پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى بىلىشىدۇ. مەن قىلىچىمنى غىلىپىغا قايتا سالمايمەن.»
6ئەي ئادەم بالىسى، نالە قىل، باشقىلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئېزىلگەن يۈرىكىڭ بىلەن قاتتىق نالە قىل.7ئەگەر بىرسى سەندىن نېمىشقا نالە قىلىسەن، دەپ سورىسا، ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەر: «شۇم خەۋەر كېلىۋاتىدۇ. بۇ خەۋەردىن ھەر كىشىنىڭ يۈرىكى سېلىپ، قوللىرىدا جان قالمايدۇ. ھەركىمنىڭ روھى چۈشۈپ، قورقۇنچتىن تېقىملىرىغا سىيىۋېتىشىدۇ. مانا شۇ ۋاقىت يېقىنلىشىپ قالدى، ئۇ چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ». بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.
8پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
9_ ئەي ئادەم بالىسى، ئۇلارغا ۋەھىيىمنى يەتكۈزۈپ، ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت:

«قىلىچ، قىلىچ

بىلەندى، پارقىرىتىۋېتىلدى.

10ئادەم ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئۆتكۈر بىلەندى.

ئۇ پارقىراقلىقىدىن چاقماقتەك يالتىرايدۇ.

ئەي ئوغلۇم يەھۇدىيە، ئەجەبا، سەن سەلتەنەت ھاسىسىدىن خۇشالمۇسەن؟ ياق، چۈنكى ئۇ قىلىچ ھېچبىر سەلتەنەت ھاسىسىنى مەنسىتمەيدۇ!

11قىلىچ ئىشلىتىلىش ئۈچۈن پارقىرىتىلدى.

ئۇ جاللاتنىڭ قولىغا بېرىلىشى ئۈچۈن

بىلەپ پارقىرىتىلدى.

12ئەي ئادەم بالىسى، ۋارقىراپ يىغلا،

چۈنكى بۇ قىلىچ مېنىڭ خەلقىمگە

ۋە ئۇلارنىڭ بارلىق يېتەكچىلىرىگە قارشى تۇرىدۇ.

يېتەكچىلەر قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدۇ،

خەلقىم بىلەن بىرگە قىرىلىدۇ.

شۇڭا سەن مەيدەڭگە مۇشتلا.

13خەلقنى سىنايدىغان ۋاقىت چوقۇم كېلىدۇ. بۇ قىلىچ ھەتتا يەھۇدىيەنىڭ سەلتەنەت ھاسىسىنى مەنسىتمەيدۇ، ئەگەر سەلتەنەت ھاسىسى بولمىسا، قانداق بولار؟ بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»
14ئەي ئادەم بالىسى، ۋەھىيىمنى يەتكۈز ۋە مۇشتۇڭنى تۈر.

قىلىچ ئىككى، ئۈچ قېتىم ئۇرۇلسۇن.

بۇ قىلىچ قىرغىنچىلىق ئۈچۈن تەيىنلەنگەندۇر،

ئۇ كۆپ قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان قىلىچتۇر،

ئۇ ھەممە تەرەپتىن كېلىدۇ.

15قورقۇنچتىن خەلقىمنىڭ يۈرەكلىرى يېرىلسۇن،

كۆپلىرى ھالاك بولسۇن.

شەھەر دەرۋازىلىرىغا ئۇ قىلىچنى ئورۇنلاشتۇردۇم.

ئۇ چاقماقتەك پارقىرايدۇ،

قىرغىنغا تەييار تۇرىدۇ.

16ئەي قىلىچ، ئوڭ-سولۇڭغا ئۇرۇل،

قايسى تەرەپ بولسا مەيلى.

17مەنمۇ مۇشتۇملىرىمنى تۈرۈپ قويدۇم،

غەزەپلىرىم بېسىلسۇن.

بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

بابىل پادىشاھىنىڭ قىلىچى

18پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
19_ ئەي ئادەم بالىسى، بابىل پادىشاھى بىر قىلىچتۇر، ئۇنىڭ بېرىشى ئۈچۈن ئىككى يول سىز. ھەر ئىككى يول بىر نۇقتىدىن باشلانسۇن. شەھەرگە بارىدىغان يولنىڭ باشلانغان يېرىگە بەلگە ئورنات.20يوللارنىڭ بىرى ئاممونلارنىڭ يۇرتىنىڭ مەركىزى بولغان رابباھقا، يەنە بىرى يەھۇدىيەنىڭ مۇستەھكەم شەھىرى بولغان يېرۇسالېمغا تۇتاشسۇن.21بابىل پادىشاھى يولنىڭ ئايرىلىدىغان يېرىگە كەلگەندە، ئوقيانىڭ ئوقى ئارقىلىق پال سېلىپ، بۇتقا مۇراجىئەت قىلىدۇ. مال ئۆلتۈرۈپ، جىگىرىگە قاراپمۇ پال سالىدۇ.22ئۇنىڭ ئوڭ قولىدا پالنىڭ جاۋابى، يەنى يېرۇسالېم بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قوۋۇقبۇزار بىلەن يېرۇسالېم سېپىلىغا ھۇجۇم قىلماقچى بولىدۇ. ئۇ لەشكەرلىرىگە: «قىرىڭلار، چۇقان سېلىڭلار!» دەپ بۇيرۇق بېرىپ، شەھەر دەرۋازىلىرىغا قوۋۇقبۇزار ئورۇنلاشتۇرۇپ، سېپىلغا توپا دۆۋىلەپ، شەھەرنى قورشاش ئىنشائاتلىرىنى بەرپا قىلماقچى بولىدۇ.23لېكىن يېرۇسالېملىقلار بابىل پادىشاھىنىڭ سالغان پالىغا ئىشەنمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار بابىل پادىشاھىغا ساداقىتىنى بىلدۈرۈپ قەسەم ئىچىشكەنىدى. لېكىن بابىل پادىشاھى ئۇلارنىڭ بۇرۇنقى ئىسيانكارلىقىنى يۈزىگە سېلىپ، ئۇلارنى تۇتقۇن قىلىدۇ.24شۇڭا مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: «چاۋاڭلار چىتقا يېيىلىپ، گۇناھىڭلار ئاشكارا بولدى، شۇڭا سىلەر ئەسىر قىلىنىسىلەر.»
25ئەي ئىسرائىللارنىڭ پاسىق ۋە رەزىل پادىشاھى، سېنىڭ ۋاقتىڭ توشتى، سوراق قىلىنىدىغان كۈنۈڭ كەلدى.26مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: «بېشىڭدىكى سەللەڭنى يېشىپ، تاجىڭنى ئېلىۋەت، زامان ئۆزگەردى. ئەمدى خار بولغانلار ئەزىزلىنىدۇ، ئەزىزلەنگەنلەر خار بولىدۇ.27ۋەيران بولىدۇ، ۋەيران بولىدۇ، مەن يېرۇسالېمنى ۋەيران قىلىمەن. لېكىن شەھەر ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقارغۇچى كەلمىگۈچە، بۇ ئىشلار يۈز بەرمەيدۇ، بۇ شەھەرنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن.»
28ئەي ئادەم بالىسى، ئاممونلار ۋە ئۇلارنىڭ تارتىدىغان خورلۇقلىرى ھەققىدە بېشارەت بەر. ئۇلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت:

«قىلىچ، قىلىچ غىلىپىدىن چىقتى، ئۇ قىرغىنچىلىق قىلىدۇ،

ئۇ چاقماقتەك چاقناش ئۈچۈن پارقىرىتىلدى.

29سىلەر كۆرگەن غايىبانە ئالامەتلەر ۋە سالغان پالىڭلار يالغاندۇر.

ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان رەزىللەرنىڭ بوينىغا قىلىچ ئۇرۇلىدۇ.

چۈنكى ۋاقىت توشتى، سوراق كۈنى كەلدى.

30ئەي قىلىچ، غىلىپىڭغا سېلىن!

سەن يارىتىلغان يۇرتۇڭدا سېنى سوراق قىلىمەن.

31ساڭا غەزىپىمنى ياغدۇرىمەن، قەھرىمنى چاچىمەن.

مەن سېنى قانخورلارغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن،

ئۇلارنىڭ ماھىرلىرى سېنى ئۆلتۈرىدۇ.

32سەن ئوتۇندەك كۆيدۈرۈلىسەن، قېنىڭ تۇپراقلىرىڭدا ئاقىدۇ.

ھېچكىم سېنى ئەسلىمەيدۇ.

بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»

 

22

يېرۇسالېمنىڭ گۇناھى

1پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى:
2_ ئەي ئادەم بالىسى، قانخور يېرۇسالېم ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقار، ئۇنىڭ بارلىق يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىنى يۈزىگە سال.3ئۇنىڭغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «بۇت ياساپ ئۆزىنى بۇلغىغان ئەي قانخور شەھەر، ئەمدى ھالاك بولىدىغان ۋاقتىڭ كەلدى.4سەن تۆككەن قانلار سەۋەبىدىن گۇناھكار بولدۇڭ. بۇت ياساپ، ئۆزۈڭنى بۇلغىدىڭ. شۇڭا سېنىڭ ۋاقتىڭ توشتى، ھالاك بولىدىغان كۈنۈڭ كەلدى. مەن سېنى باشقا ئەللەر ۋە خەلقلەر ئارىسىدا مەسخىرە ۋە خورلۇققا قالدۇرىمەن.5سېسىق نامى پۇر كەتكەن ئەي قالايمىقان شەھەر، يىراق ۋە يېقىندىكىلەرنىڭ كۈلكىسىگە قالىسەن.
6قارا، سەندە ياشايدىغان ئىسرائىللارنىڭ يېتەكچىلىرى ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، ئادەم ئۆلتۈرمەكتە.7ئۇلار ئاتا-ئانىسىنى كۆزگە ئىلمايدۇ، مۇساپىرلارنى ئالدايدۇ، يېتىملەرنى ۋە تۇل خوتۇنلارنى بوزەك قىلىدۇ.8ئىبادەتخانىدىكى مۇقەددەس نەرسىلىرىمنى خارلايدۇ، مەن بېكىتكەن دەم ئېلىش كۈنىنى مەنسىتمەيدۇ.9سەندە ياشايدىغان ئىسرائىللارنىڭ بەزىلىرى تۆھمەت قىلىپ، ئادەم ئۆلتۈرگۈزىدۇ. بەزىلىرى تاغلاردىكى بۇتخانىلارغا چىقىپ قۇربانلىقلاردىن يەيدۇ، بۇزۇقچىلىق قىلىدۇ.10بەزىلىرى ئۆگەي ئانىسى بىلەن زىنا قىلىدۇ، بەزىلىرى ھەيزدار ئاياللارغا زورلۇق قىلىدۇ،11بەزىلىرى قوشنىسىنىڭ ئاياللىرى بىلەن زىنا قىلىدۇ، بەزىلىرى كېلىنلىرىنىڭ، يەنە بەزىلىرى ئاتا بىر ئانا باشقا سىڭىللىرىنىڭ نومۇسىغا تېگىدۇ.12يەنە بەزىلىرى پۇل ئۈچۈن قاتىللىق قىلىدۇ، بەرگەن قەرزلىرىدىن ئۆسۈم ياكى جازانە ئالىدۇ ۋە باشقىلارنى قاقتى-سوقتى قىلىدۇ. ئۇلار مېنى ئۇنتۇپ كەتتى. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.13سەندىكى ھارام يول بىلەن پۇل تاپقانلار ۋە قان تۆككەنلەرگە غەزەپ ئىچىدە مۇشتۇملىرىمنى تۈگىمەن.
14ئەي يېرۇسالېم، مەن سېنى جازالىغان كۈنۈم سەندە يەنە ماڭا قارشى چىققۇدەك جاسارەت ۋە كۈچ قالارمۇ؟ مەن پەرۋەردىگار دېگىنىمنى قىلىمەن.15مەن سەندىكى ئادەملەرنى ياقا يۇرتلارغا ۋە يات ئەللەرگە چېچىۋېتىمەن، سەندىكى ئىپلاسلىقلارنى يوقىتىمەن.16سەن ئەللەر ئالدىدا نومۇسقا قالغىنىڭدا، مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسەن.»

پەرۋەردىگارنىڭ چوڭ ئوچىقى

17پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
18_ ئەي ئادەم بالىسى، ئىسرائىل خەلقى مەن ئۈچۈن پەقەت داشقالدۇر. ئۇلار كۈمۈش ئېرىتىلگەندىن كېيىن ئوچاقتا قالغان مىس، قەلەي، تۆمۈر ۋە قوغۇشۇندۇر، يەنى كۈمۈشنىڭ داشقاللىرىدۇر.19شۇڭا ئۇلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «سىلەر داشقالغا ئايلىنىپ قالدىڭلار، شۇڭا مەن سىلەرنى يېرۇسالېمغا يىغىمەن.20خۇددى ئادەملەر كۈمۈش، مىس، تۆمۈر، قوغۇشۇن ۋە قەلەيلەرنى ئوچاققا يېغىپ، ئۇلارنى ئېرىتىش ئۈچۈن ئوتنى پۈۋلىگەندەك، مەنمۇ سىلەرنى يىغىپ، يېنىۋاتقان غەزەپ ئوتۇمغا تاشلايمەن ۋە سىلەرنى ئېرىتىمەن.21مەن سىلەرنى يىغىمەن ۋە غەزەپلىك ئوتۇمنى پۈۋلەيمەن، سىلەر شەھەردە ئوتۇمدا ئېرىپ كېتىسىلەر.22كۈمۈش ئوچاقتا ئېرىپ كەتكەندەك، سىلەرمۇ شەھەردە غەزەپ ئوتۇمدا ئېرىپ كېتىسىلەر. شۇندىلا سىلەر ئۈستۈڭلارغا غەزەپ ئوتىنى چاچقۇچىنىڭ مەن پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر.»

ئىسرائىلىيە يېتەكچىلىرىنىڭ گۇناھلىرى

23پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
24_ ئەي ئادەم بالىسى، سەن ئىسرائىل زېمىنىغا مۇنداق دەپ ئېيت: «سەن مېنىڭ غەزەپلەنگەن كۈنۈمدە يامغۇرسىز قېلىپ، پاكلانمىغان زېمىندۇرسەن.25سەندىكى يېتەكچىلەر خۇددى ئولجىلىرىنى پارچە-پارچە قىلىپ ھۆركىرىشىۋاتقان شىرلارغا ئوخشايدۇ. ئۇلار كىشىلەرنىڭ مال-مۈلكىنى تارتىۋېلىپ ۋە ئۇلارنىڭ جېنىغا قەست قىلىپ، نۇرغۇن ئاياللارنىڭ تۇل قېلىشىغا سەۋەبچى بولدى.26سەندىكى روھانىيلار قانۇنۇمنى بۇزۇپ، مۇقەددەس نەرسىلىرىمنى بۇلغىدى. ئۇلار نېمىنىڭ مۇقەددەس، نېمىنىڭ مۇقەددەس ئەمەسلىكىنى ئايرىمىدى، نېمىنىڭ پاك، نېمىنىڭ ناپاك ئىكەنلىكى ھەققىدە كىشىلەرگە تەلىم بەرمىدى. ئۇلار مەن بېكىتكەن دەم ئېلىش كۈنلىرىگە ئەمەل قىلماي، نامىمنى خەلق ئارىسىدا ھۆرمەتسىزلىككە دۇچار قىلدى.27سەندىكى يېتەكچىلەر ئولجىلىرىنى پارچە-پارچە قىلىۋەتكەن بۆرىلەردەك ئادەم ئۆلتۈرۈپ، قان تۆكۈپ، ھارامدىن بايلىق توپلىدى.28‏ سەندىكى ساختا پەيغەمبەرلەر خۇددى ھاك بىلەن تام ئاقارتماقچى بولغاندەك، ئۆزىنىڭ ساختا غايىبانە ئالامەت ۋە ۋەھىيلىرى بىلەن يېتەكچىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى يېپىش ئۈچۈن ‹ئىگىمىز پەرۋەردىگار دەيدۇكى› دەۋالغان بولسىمۇ، لېكىن مەنكى پەرۋەردىگار ئۇلارغا ۋەھىي چۈشۈرمىدىم.29ئاددىي كىشىلەرنى قاقتى-سوقتى قىلدى، ئوغرىلىق قىلدى، نامرات ۋە موھتاجلارنى بوزەك قىلدى، مۇساپىرلارنى خورلىدى ۋە ئۇلارغا ئادالەتسىزلىك قىلدى.
30مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن سېپىلنى قايتا مۇستەھكەملەيدىغان ۋە سېپىلنىڭ بۇزۇلۇپ كەتكەن يېرىدە تۇرۇپ، يۇرتنى قوغدايدىغان ئادەمنى ئىزدىدىم، لېكىن تاپالمىدىم.31شۇڭا مەن ئۇلارغا قەھرىمنى چاچىمەن، غەزەپ ئوتۇم بىلەن ئۇلارنى يوقىتىمەن. مەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا يارىشا جازاسىنى بېرىمەن. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»

 

23

بۇزۇق ئاچا-سىڭىللار

1پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
2_ ئەي ئادەم بالىسى، بىر ئانىدىن تۇغۇلغان ئاچا-سىڭىل بار ئىدى.3ئۇلار مىسىردا پاھىشىلىك قىلاتتى ۋە ياش ۋاقىتلىرىدىن باشلاپ پاھىشىلىك قىلغانىدى. ھەرقانداق ئادەم ئۇلارنىڭ كۆكسىنى سىلىيالايتتى، ئەمچەكلىرىنى تۇتالايتتى.4كېيىن ئۇلار مېنىڭ بولدى ۋە ماڭا ئوغۇل-قىزلارنى تۇغۇپ بەردى. ئاچىسىنىڭ ئىسمى ئوھولا، سىڭلىسىنىڭ ئىسمى ئوھولىبا بولۇپ، ئۇلار سامارىيە ۋە يېرۇسالېمغا ۋەكىللىك قىلاتتى.
5ئوھولا مېنىڭ نىكاھىمدا بولغاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق بۇزۇقچىلىق قىلىپ، ئاشنىسى ئاسسۇرلار بىلەن ئىشقىۋازلىق قىلدى.6ئاشنىلىرىنىڭ ھەممىسى كۆك كىيىم كىيگەن ئەمەلدار ۋە سەركەردىلەر بولۇپ، قامەتلىك، قىران چەۋەندازلار ئىدى.7ئۇ مۇشۇنداق ئاسسۇرلارنىڭ سەرخىللىرى بىلەن ئىشقىۋازلىق قىلىپ يۈرۈپ، ئۇلارنىڭ بۇتلىرىغا چوقۇنۇپ، ئۆزىنى بۇلغىدى.8ئۇ مىسىردىكى ۋاقتىدا قىلغان بۇزۇقچىلىقىنى تاشلىمىدى. ئۇ ۋاقىتتا، ئۇ ياش بولۇپ، ھەرقانداق ئادەم ئۇنىڭ كۆكسىنى سىلىيالايتتى، ئۇنىڭ بىلەن شەھۋىتىنى قاندۇرالايتتى.9شۇڭا مەن ئۇنى ئۇ ئىشقىۋازلىق قىلىشقان ئاسسۇرلۇق ئاشنىلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەرگەنىدىم.10ئۇلار ئۇنى يالىڭاچلاپ، بالىلىرىنى تارتىۋالدى، ئاندىن ئۇنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈۋەتتى. جازاسىنى تارتقان ئوھولانىڭ يامان نامى ئاياللارنىڭ ئاغزى ئارقىلىق جاھانغا تارقالدى.
11ئۇنىڭ سىڭلىسى ئوھولىبا بۇ ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرۇپ، يەنىلا پاھىشىلىك قىلىپ، ئاچىسىدىن بەكرەك بۇزۇقچىلىققا بېرىلىپ كەتتى.12‏ ئۇ ئاسسۇرلارنىڭ ئەمەلدارلىرى، سەركەردىلىرى، يارىشىملىق لەشكىرىي كىيىم كىيگەن لەشكەرلىرى ۋە چەۋەندازلىرى بىلەن ئىشقىۋازلىق قىلدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى قامەتلىك، قىران يىگىتلەر ئىدى.13مەن ئۇنىڭ بۇلغانغانلىقىنى ۋە ئاچىسى بىلەن ئوخشاش يول تۇتقانلىقىنى كۆردۈم.14ئۇ بۇزۇقچىلىققا تېخىمۇ بېرىلىپ كەتكەنىدى. ئۇ بىر كۈنى تامدىكى قىزىل رەڭدە نەقىشلەنگەن بابىللىق يىگىتلەرنىڭ سۈرەتلىرىنى كۆرۈپ قالدى.15سۈرەتتىكى يىگىتلەر بەللىرىگە بەلباغ باغلىغان، باشلىرىغا سەللە يۆگىگەن بولۇپ، ئۇلار بابىلنىڭ ئاتلىق لەشكەرلىرىنىڭ سەركەردىلىرىگە ئوخشايتتى.16ئوھولىبا ئۇ رەسىملەرنى بىر كۆرۈپلا، ئۇلارغا ئاشىق بولۇپ قالدى ۋە بابىلغا ئەلچى ئەۋەتتى.17كېيىن بابىللىقلار ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئىشق تۆشىكىدە ئىشقىۋازلىق قىلىپ، ئۇنى بۇلغىدى. ئوھولىبا بۇلغانغاندىن كېيىن، ئۇ ئۆزى بابىللىقلاردىن يىرگىنىپ، ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈدى.
18ئوھولىبا داۋاملىق ئوچۇق-ئاشكارا بۇزۇقچىلىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ يالىڭاچ بەدىنىنى كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، خۇددى مەن ئۇنىڭ ئاچىسىدىن بىزار بولۇپ، يۈز ئۆرۈگىنىمدەك ئوھولىبادىنمۇ بىزار بولۇپ، يۈز ئۆرۈدىم.19ئۇ تېخىمۇ كۆپ بۇزۇقچىلىق قىلىپ، مىسىردىكى ياش ۋاقىتلىرىدا قىلغان بۇزۇقچىلىقلىرىنى ئەسلەشكە باشلىدى.20ئۇ جىنسىي ئەزالىرى ئېشەكنىڭكىدەك چوڭ ۋە مەنىيلىرى ئايغىرنىڭكىدەك كۆپ بولغان ئاشنىلىرىغا مەپتۇن بولۇپ يۈردى.21ئۇ مىسىردىكى ياش ۋاقىتلىرىدىكىدەك ھەرقانداق ئادەم كۆكسىنى سىلىيالايدىغان، ئەمچەكلىرىنى تۇتالايدىغان بۇزۇقچىلىققا تەشنا ئىدى.
22شۇڭا ئەي ئوھولىبا، ئىگىمىز پەرۋەردىگار ساڭا مۇنداق دەيدۇ: «سەن بىزار بولۇپ، يۈز ئۆرۈگەن ئاشنىلىرىڭنى ھەممە تەرەپتىن ساڭا ھۇجۇم قىلدۇرىمەن.23مەن بابىللىقلار، يەنى پىقود، شوئا ۋە قوئادىن كەلگەن پۈتۈن كالدانلار ۋە پۈتۈن ئاسسۇرلارنى باشلاپ كېلىمەن. ئۇلار ياش ۋە قامەتلىك ئەمەلدارلار، باشلىقلار، سەركەردىلەر ۋە پالۋانلار بولۇپ، ھەممىسى ئاتلىقتۇر.24ئۇلار شىمالدىن جەڭ ھارۋىلىرى، ئوزۇق-تۈلۈك ھارۋىلىرى ۋە زور قوشۇنىنى باشلاپ كېلىپ، ساڭا ھۇجۇم قىلىدۇ. ئۇلار قوللىرىغا چوڭ-كىچىك قالقان ئالغان، باشلىرىغا دۇبۇلغا كىيگەن بولۇپ، تۆت تەرەپتىن سېنى قورشاۋغا ئالىدۇ. ئۈستۈڭدىن ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقىنى ئۇلارغا بېرىمەن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قائىدىلىرى بويىچە سېنى جازالايدۇ.25مەن ئۇلار ئارقىلىق ساڭا غەزىپىمنى ياغدۇرىمەن. ئۇلار ساڭا قەھرى بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ، بۇرنۇڭنى، قۇلاقلىرىڭنى كېسىۋالىدۇ، بالىلىرىڭنى ئەسىرگە ئېلىپ ئەكېتىدۇ. ئامان قالغانلىرىنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرىدۇ ۋە ئوتتا كۆيدۈرىدۇ.26ئۇلار كىيىملىرىڭنى سالدۇرۇۋېلىپ، زىبۇ-زىننەتلىرىڭنى بۇلايدۇ.27مەن مۇشۇنداق قىلىپ، سېنىڭ مىسىردا ئۆگەنگەن بۇزۇقچىلىق ۋە پاھىشىلىكىڭنى توختىتىمەن، سېنىڭ مىسىرغا بولغان تەشنالىقىڭ يوقىلىدۇ، ئۇلارنى ئۇنتۇپ كېتىسەن.»
28ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن سېنى سەن ئۆچ كۆرگەن ۋە بىزار بولۇپ يۈز ئۆرۈگەن ئادەملەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن.29ئۇلار ساڭا تولۇپ تاشقان ئۆچمەنلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. سېنىڭ تىرىشىپ تاپقانلىرىڭنى تارتىۋالىدۇ، سەن يالىڭاچ قالىسەن. سېنىڭ پاھىشىلىكىڭ ئاشكارا بولۇپ، چاۋاڭ چىتقا يېيىلىدۇ.30سەن باشقا ئەللەر بىلەن ئىشقىۋازلىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ بۇتلىرى بىلەن ئۆزۈڭنى بۇلغىغانلىقىڭ ئۈچۈن، بۇ ئىشلار چوقۇم بېشىڭغا كېلىدۇ.31سەن ئاچاڭ بىلەن ئوخشاش يولدا ماڭغانىكەنسەن، ئۇ ئىچكەن جازا شارابىنى سەنمۇ ئىچىسەن.»
32ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«سەن ئاچاڭنىڭ چوڭ ھەم چوڭقۇر قەدىھىدىكى جازا شارابىنى چوقۇم ئىچىسەن،

كىشىلەرنىڭ مەسخىرە ۋە ئاھانىتىگە قالىسەن.

بۇ قەدەھ لىقمۇلىق تولغاندۇر.

33ئاچاڭ سامارىيەگە سۇنۇلغان قەدەھ ۋەيرانچىلىق ۋە ھالاكەت قەدىھىدۇر.

سەن ئۇنى ئىچسەڭلا مەست بولىسەن، قەلبىڭنى ھەسرەت قاپلايدۇ.

34سەن ئۇ جازا شارابىنى بىر تېمىممۇ قالدۇرماي ئىچىسەن،

ئاندىن قەدەھنى ئۇرۇپ چاقىسەن، كۆكسۈڭنى تىلىسەن.

بۇ مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»

35ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سەن مېنى ئۇنتۇپ كەتكەنلىكىڭ ۋە ماڭا تەتۈر قارىغانلىقىڭ ئۈچۈن، سەن ئەمدى قىلغان بۇزۇقچىلىقىڭ ۋە ئىشقىۋازلىقىڭنىڭ جازاسىنى تارتىسەن.»
36پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
_ ئەي ئادەم بالىسى، ئوھولا ۋە ئوھولىبانىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقار ۋە ئۇلارنىڭ قانداق يىرگىنچلىك قىلمىشلارنى قىلغانلىقىنى يۈزىگە سال.
37ئۇلار بۇزۇقچىلىق قىلدى، قوللىرىنى قان بىلەن بويىدى، بۇتلارغا چوقۇنۇپ، ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلدى. ھەتتا ئۇلار ماڭا تۇغۇپ بەرگەن بالىلىرىنى بۇتلارغا قۇربانلىق قىلىپ، يېمەكلىك سۈپىتىدە ئاتىدى.38بۇنىڭدىن تاشقىرى، مۇقەددەس ئىبادەتخانامنى بۇلغىغان كۈنى مەن بېكىتكەن دەم ئېلىش كۈنىگىمۇ ئەمەل قىلمىدى.39ئۇلار بالىلىرىنى كۆيدۈرۈپ بۇتقا ئاتىغان كۈنى مېنىڭ ئىبادەتخانامغا كىرىپ، ئۇنى بۇلغىدى. بۇ ئۇلارنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانامدا قىلغان ئىشلىرىدۇر.
40ئۇلار ھەتتا يىراقتىكى ئەرلەرگە ئادەم ئەۋەتىپ چاقىرتىپ كەلدى. ئۇلار كەلگۈچە بويىنى سۇغا سېلىپ، كۆزلىرىگە سۈرمە سۈرتۈپ، زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقاپ،41ئېسىل تۆشىكىدە ئولتۇرۇپ تۇردى. تۆشىكىنىڭ ئالدىدىكى ئۈستەلگە ماڭا مەنسۇپ بولغان پۇراقلىق ئىسرىق ۋە زەيتۇن يېغىنى تىزدى.
42ئۇلارنىڭ ھۇجرىسىدىن كىشىلەرنىڭ غەم-ئەندىشىسىز كۈلكە ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. چۆلدىن كەلگەن شارابخور، يارىماسلار بۇ بىر جۈپ ئاچا-سىڭىللارغا بىلەزۈكلەر سېلىپ قويدى، باشلىرىغا گۈزەل تاجلارنى تاقىدى.43‏ مەن بۇ ئاياللار ھەققىدە مۇنداق دېدىم: «پاھىشىلىك قىلىپ ھارغان بۇ ئاياللاردىن خالىغانچە پايدىلىنىۋېرىڭلار.»44ئۇ كىشىلەر نومۇسسىز ئوھولا ۋە ئوھولىبادىن شۇنداق پايدىلىنىپ، ئۇلار بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلىشتى.45لېكىن ھەققانىي ئادەملەر بۇ ئاياللارنى زىنا قىلغان ۋە قان تۆككەن ئاياللارغا بېرىلىدىغان جازا بىلەن جازالايدۇ. چۈنكى بۇ ئىككى ئايال پاھىشىلىك قىلدى ۋە قوللىرىنى قان بىلەن بويىدى.
46مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: «ئۇلارغا بىر قوشۇننى ھۇجۇم قىلدۇرىمەن، ئۇلار بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچراپ، قورقۇنچقا چۈشىدۇ.47كىشىلەر ئۇلارنى چالما-كېسەك قىلىدۇ، قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرىدۇ، بالىلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۆيلىرىنى كۆيدۈرىدۇ.
48شۇنداق قىلىپ، مەن بۇ زېمىندىكى بۇزۇقچىلىقلارنى يوقىتىمەن. بارلىق ئاياللار ئىبرەت ئالىدۇ، ئۇلارغا ئەگىشىشتىن ھەزەر ئەيلەيدۇ.49ئەي ئاچا-سىڭىللار، مەن سىلەرنىڭ بۇزۇقچىلىق ۋە بۇتپەرەسلىك قىلغان گۇناھىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى جازالايمەن. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ ئىگەڭلار پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.»

 

24

دات باسقان قازان

1سۈرگۈندىكى ۋاقتىمىزنىڭ 9-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى*پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
2_ ئەي ئادەم بالىسى، بۈگۈن دەل بابىل پادىشاھىنىڭ يېرۇسالېمنى قامال قىلغان كۈنىدۇر، سەن چوقۇم بۇ كۈننى پۈتۈۋال.3سەن ئاسىي ئىسرائىل خەلقىگە تۆۋەندىكى تەمسىلنى ئېيتىپ بەر: «مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن:

‹قازاننى ئوتقا قويۇڭلار. قازاننى ئوتقا قويۇپ، ئىچىگە سۇ قۇيۇڭلار.

4ئاندىن ئۇنىڭغا ئەڭ ياخشى يانپاش، بويۇن گۆشلىرىنى سېلىڭلار،

يىلىكلىك سۆڭەكلەر بىلەن تولدۇرۇڭلار.

5قويلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى تاللاڭلار.

ئوچاققا كۆپرەك ئوتۇن سېلىڭلار،

قازاننى قاينىتىپ، گۆش ۋە سۆڭەكلەرنى پىشۇرۇڭلار.›

6مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن:

‹قانغا بويالغان يېرۇسالېمنىڭ ھالىغا ۋاي!

بۇ شەھەر داتلاشقان قازاندۇر،

ئۇنىڭ داتلىرىنى يوقاتقىلى بولمايدۇ.

شۇڭا بۇ قازاننى بوشات ۋە قولۇڭغا نېمە چىقسا، شۇنى ئال.

7بۇ شەھەردە قىرغىنچىلىق يۈز بەردى،

ئادەملەرنىڭ قېنى تاش ئۈستىگە تۆكۈلدى،

ئەگەر قان يەرگە تۆكۈلگەن بولسا ئىدى،

تۇپراققا كۆمۈلۈپ كەتكەن بولاتتى.

8مەن قاننى يوشۇرغىلى بولمايدىغان تاشقا چاچتىم.

بۇ قان داغلىرى غەزىپىمنى قوزغاپ، مېنى ئىنتىقام ئېلىشقا ئۈندەيدۇ.›

9شۇڭا مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن:

‹ھالىڭغا ۋاي، ئەي قانخور شەھەر!

ئۆزۈم ئوتۇن دۆۋىلەيمەن.

10كۆپرەك ئوتۇن دۆۋىلە ۋە ئوتۇنغا ئوت ياق.

گۆشنى قاينىتىۋەر، تاكى شورپىسى قالمىغۇچە قاينات،

سۆڭەكلىرى كۆيۈپ كەتسۇن.

11ئاندىن قۇرۇق مىس قازاننى چوغ ئۈستىگە قوي،

ئۇ قىپقىزىل قىزارسۇن.

قازاندىكى داتلار ئېرىپ، مەينەتچىلىك كۆيۈپ يوق بولسۇن.

12مەن بىھۇدە ئىش قىلىپتىمەن.

داتلار قېلىن بولغاچقا ئوتتا ئېرىمەپتۇ.

ئوتمۇ ئۇنى تازىلىيالماپتۇ.

13ئەي يېرۇسالېم، بۇزۇقچىلىقىڭ سېنى بۇلغاپتۇ،

مەن ئەسلى سېنى پاكلىماقچى بولغانىدىم،

لېكىن سەن پاكلىنىشنى خالىمىدىڭ.

شۇڭا مەن ساڭا غەزەپ قىلمىغۇچە،

سەن مەينەتچىلىكىڭدىن تازىلانمايسەن.

14مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار دەيدىغىنىمنى دېدىم، ئەمدى ھەرىكەت قىلىشنىڭ ۋاقتى كەلدى. دېگەنلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن، نىيىتىمدىن يانمايمەن، ئاياپ قويمايمەن، پۇشايمانمۇ قىلمايمەن. تۇتقان يولۇڭلار ۋە قىلغان قىلمىشلىرىڭغا يارىشا جازالايمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.›»

پەيغەمبەرنىڭ ئايالىنىڭ ۋاپاتى

15پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
16_ ئەي ئادەم بالىسى، سېنىڭ كۆز قارىچۇقۇڭ بولغان ئايالىڭنى تۇيۇقسىز ئەكېتىمەن، لېكىن سەن ھازا ئاچما، پەرياد قىلما، ياش تۆكمە.17پەقەت ئۈنسىز ھەسرەتلەن، قارىلىق تۇتما. ئادەتتىكىدەك بېشىڭغا سەللە يۆگەپ، پۇتۇڭغا ئاياغ كىيىپ يۈر، ئېغىز-بۇرنۇڭنى ئەتمە، باشقىلار ئۆيۈڭگە ھال سوراپ ئەكەلگەن تاماقنىمۇ يېمە.
18مەن ئەتىگەندە جامائەت بىلەن سۆزلەشتىم. كەچتە ئايالىم ئالەمدىن ئۆتتى. ئەتىسى ئەتىگەندە ھەممە ئىشنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمر قىلغىنى بويىچە قىلدىم.
19جامائەت مەندىن:
_ ئېيتقىنا، بۇنداق قىلغىنىڭنىڭ بىز بىلەن نېمە ئالاقىسى بار؟ _ دەپ سورىدى.
20مەن ئۇلارغا مۇنداق دېدىم:
_ پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
21«ئىسرائىل خەلقىگە ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەپ ئېيت: ‹سىلەرنى پەخىرلەندۈرگەن، سۆيۈندۈرگەن ۋە قەلبىڭلارنى ئىنتىلدۈرگەن مۇقەددەس ئىبادەتخانامنى بۇلغايمەن. يېرۇسالېمدا قالغان پەرزەنتلىرىڭلار قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدۇ.22ئۇ چاغدا سىلەرمۇ ئەزەكىئەل قىلغاندەك ئىشلارنى قىلىسىلەر، يەنى ئېغىز-بۇرنۇڭلارنى ئەتمەيسىلەر، باشقىلار ھال سوراپ ئەكەلگەن تاماقنى يېمەيسىلەر.23بېشىڭلارغا سەللە يۆگەپ، پۇتۇڭلارغا ئاياغ كىيىپ يۈرىسىلەر. ھازا ئاچمايسىلەر، پەرياد قىلمايسىلەر. ھالبۇكى، گۇناھىڭلار سىلەرنى تۈگەشتۈرىدۇ، ئۆزئارا بىر-بىرىڭلارغا ئىڭراپ دەرد تۆكىسىلەر.24ئەزەكىئەل سىلەر ئۈچۈن بىر تەمسىلدۇر. سىلەرمۇ ئۇ قىلغان ئىشلارنى قىلىسىلەر. بۇ ئىشلار يۈز بەرگەندە سىلەر مېنىڭ ئىگەڭلار پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.›»
25پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
_ ئەي ئادەم بالىسى، ئۇ كۈن كەلگەندە، مەن ئۇلار خۇشال بولغان، شەرەپ ھېس قىلغان، سۆيگەن، ئارمان قىلغان قورغىنىنى ۋەيران قىلىمەن، پەرزەنتلىرىنىمۇ ئېلىپ كېتىمەن.
26ئۇ كۈن كەلگەندە، يېرۇسالېمدىن قېچىپ چىقىپ ھايات قالغۇچى ساڭا خەۋەر يەتكۈزىدۇ.27شۇ چاغدا تىلىڭنى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن. سەن ئۇ ئادەم بىلەن سۆزلىشەلەيسەن. سەن خەلق ئۈچۈن بىر تەمسىلدۇرسەن، شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.


*24: 1مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 588 يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.


 

25

ئاممونلارغا قارشى چۈشكەن ۋەھىي

1پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
2_ ئەي ئادەم بالىسى، ئاممون خەلقىگە يۈزلىنىپ تۇرۇپ، ئۇلارغا قارشى ۋەھىيىمنى يەتكۈز3ۋە ئۇلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار. مۇقەددەس ئىبادەتخانام بۇلغىنىپ، ئىسرائىلىيە زېمىنى خارابلىشىپ، يەھۇدىيە خەلقى سۈرگۈن قىلىنغاندا سىلەر خۇشال بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن،4مەن سىلەرنى شەرقتىن كەلگەن خەلقلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن. ئۇلار سىلەرنىڭ زېمىنىڭلاردا ئولتۇراقلىشىپ، چېدىرلىرىنى تىكىدۇ، مېۋەڭلارنى يەپ، سۈتۈڭلارنى ئىچىدۇ.5مەن پايتەختىڭلار رابباھ شەھىرىنى تۆگىلەر ئوتلايدىغان ئوتلاققا ئايلاندۇرىمەن، ئاممونلارنىڭ زېمىنىنى قوي قوتىنىغا ئايلاندۇرىمەن. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.
6مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار يەنە دەيمەنكى، سىلەر كۆڭلۈڭلاردا ئاداۋەت ساقلاپ كەلگەنلىكىڭلار ئۈچۈن، ئىسرائىلىيەنىڭ زېمىنىغا ئاپەت كەلگەندە، خۇشاللىقىڭلاردىن چاۋاك چېلىشىپ، سەكرىشىپ، تەنتەنە قىلىشتىڭلار.7شۇڭا مەن سىلەرگە قارشى قولۇمنى كۆتۈرۈپ، سىلەرنى باشقا ئەللەرگە ئولجا قىلىپ تۇتۇپ بېرىمەن. سىلەرنى ئەللەر ئارىسىدىن يوق قىلىمەن، سىلەر ھالاك بولىسىلەر. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.»

موئابلارغا قارشى چۈشكەن ۋەھىي

8ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «موئاب ۋە سەئىر خەلقى: ‹يەھۇدىيە خەلقىنىڭ باشقا خەلقلەردىن ھېچقانداق پەرقى يوق› دەپ سۆزلەپ يۈرۈشتى.9شۇڭا مەن موئابنىڭ غەربىي چېگراسىنى ئاچىمەن. موئابنىڭ چېگراسىدىكى گۆھەر شەھەر ھېسابلانغان بەيت-يىشىموت، بائال-مىئون، قىرياتائىم شەھەرلىرىنى ۋەيران قىلىمەن.10مەن ئۇلارنى ئاممونلار بىلەن بىرلىكتە شەرقتىن كەلگەن خەلقلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. شۇندىن باشلاپ ئاممونلار ئەللەر ئارىسىدا ئۇنتۇلۇپ كېتىلىدۇ.11موئابلارنى چوقۇم جازالايمەن، شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.»

ئىدوملارغا قارشى چۈشكەن ۋەھىي

12ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئىدوم خەلقى يەھۇدىيە خەلقىدىن ئۆچ ئېلىپ، چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزدى.13شۇڭا مەن ئىدومغا قارشى قولۇمنى كۆتۈرۈپ، ئۇ يەردىكى ئادەملەرنى، ھايۋانلارنى يوقىتىپ، زېمىنلىرىنى قاقاسلىققا ئايلاندۇرىمەن. تېمان شەھىرىدىن دىدان شەھىرىگىچە بولغان ئارىلىقتا ياشايدىغان خەلقنى قىلىچتىن ئۆتكۈزىمەن.14مەن ئىسرائىللارنىڭ قولى ئارقىلىق ئىدوملاردىن ئۆچ ئالىمەن. ئىسرائىللار مېنىڭ قەھر-غەزىپىم بويىچە ئۇلارنى جازالايدۇ. شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ قىساسىمنىڭ تەمىنى تېتىيدۇ. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»

فىلىستىيەلىكلەرگە قارشى چۈشكەن ۋەھىي

15ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «فىلىستىيەلىكلەر ئەسىرلەردىن بېرى كۆڭۈللىرىدە ساقلاپ كەلگەن كونا ئۆچ-ئاداۋەتلىرى بىلەن يەھۇدىيەلىكلەردىن ئۆچ ئالماقچى ۋە ئۇلارنى يوقاتماقچى بولۇشتى.16شۇڭا مەن ئۇلارنى جازالاش ئۈچۈن قول كۆتۈرىمەن ۋە ئۇلارنىڭ كىرېت قەبىلىسىنى يوقىتىمەن، دېڭىز بويىدا ياشايدىغانلارنىمۇ قىرىپ تاشلايمەن.17مەن ئۇلاردىن دەھشەتلىك قىساس ئالىمەن ۋە ئۇلارنى قەھر-غەزىپىم بىلەن جازالايمەن. مەن ئۇلاردىن قىساس ئالغاندىلا، ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.»

 

26

1سۈرگۈندىكى ۋاقتىمىزنىڭ 11-يىلى مەلۇم بىر ئاينىڭ 1-كۈنى*پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
2_ ئەي ئادەم بالىسى، يېرۇسالېمنىڭ ۋەيران بولغانلىقىدىن تىر شەھىرى خۇشال بولۇپ: «سودا مەركىزىنىڭ دەرۋازىلىرى ۋەيران بولدى. ئەمدى ماڭا سودا يولى ئېچىلدى، ئۇ ۋەيران بولغانلىقى ئۈچۈن، مەن باي بولۇپ كېتىمەن» دەيدۇ.3شۇڭا مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: «ئەي تىر شەھىرى، ساڭا قارشى تۇرىمەن، نۇرغۇن ئەللەرنى ساڭا قارشى خۇددى دېڭىز دولقۇنلىرىدەك ئاتلاندۇرىمەن.4ئۇلار سېپىللىرىڭنى ۋەيران قىلىدۇ، مۇنارلىرىڭنى يىقىتىدۇ. مەن خارابىلىرىڭنىمۇ پاك-پاكىز سۈپۈرۈپ تاشلايمەن، ئورنىدا پەقەت ئەسلىدىكى قورام تاشلا قالىدۇ.5مەن شۇنداق دەپ جاكارلايمەنكى، سېنىڭ دېڭىزدىكى ئارىلىڭ بېلىقچىلار تورلىرىنى يېيىپ قۇرۇتىدىغان يەرگە ئايلىنىدۇ. سەن نۇرغۇن ئەللەر تەرىپىدىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىسەن ۋە6قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان خەلقىڭ قىلىچ بىلەن قىرغىن قىلىنىدۇ. شۇندىلا خەلقىڭ مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.»
7مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيمەن: «ئەي تىر شەھىرى، پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى بولغان بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنى چەۋەندازلىرى، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە زور قوشۇنى بىلەن شىمالدىن ساڭا ھۇجۇم قىلدۇرىمەن.8ئۇ سېنىڭ قۇرۇقلۇققا جايلاشقان يېزىلىرىڭدىكى ئادەملىرىڭنى قىلىچ بىلەن قىرىدۇ. ئاندىن سېنىڭ ئەتراپىڭغا قامال ئىنشائاتلىرىنى قۇرىدۇ، سېپىلىڭنىڭ تۈۋىگە توپا دۆۋىلەيدۇ ۋە قالقانلىرىنى كۆتۈرۈپ، ساڭا ھۇجۇم قىلىدۇ.9ئۇ قوۋۇقبۇزار بىلەن سېپىللىرىڭغا زەربە بېرىدۇ، قوراللار بىلەن مۇنارلىرىڭنى بۇزىدۇ.10ئۇنىڭ ئاتلىرى شۇنچە كۆپكى، سەن ئۇلارنىڭ ئاتلىرىنىڭ تۇياقلىرىدىن كۆتۈرۈلگەن چاڭ-توزاننىڭ ئاستىدا قالىسەن. ئۇ لەشكەرلىرى بىلەن سېپىلىڭنىڭ بۇزۇلغان يېرىدىن باستۇرۇپ كىرىدۇ. سېپىللىرىڭ ئۇنىڭ چەۋەندازلىرى، ئوزۇق-تۈلۈك ھارۋىلىرى ۋە جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ يۈرۈشلىرىدىن لەرزىگە كېلىدۇ.11جەڭ ئاتلىرىنىڭ تۇياقلىرى كوچىلىرىڭنى چەيلەيدۇ. ئۇ قىلىچى بىلەن خەلقىڭنى ئۆلتۈرىدۇ، مەزمۇت تۈۋرۈكلىرىڭنى يىقىتىدۇ.12مال-مۈلكۈڭنى، بايلىقلىرىڭنى بۇلاپ، سېپىللىرىڭنى ۋەيران قىلىدۇ، چىرايلىق ئۆيلەرنى تۈزلىۋېتىدۇ. خارابىلىكتىكى تاش ۋە ياغاچلىرىڭنى دېڭىزغا تۆكىدۇ.
13مەن سەندىكى نەغمە-ناۋالارنى يوقىتىمەن، سەندە ئەمدى لىرانىڭ ئاۋازى ئاڭلانمايدۇ.14مەن سېنى قورام تاشقا ئايلاندۇرىمەن، بېلىقچىلار سەندە تورلىرىنى يېيىپ قۇرۇتىدۇ. سەن قايتا ئەسلىڭگە كېلەلمەيسەن. بۇ مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»
15مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيمەن: «ئەي تىر شەھىرى، سېنىڭ ھالاك بولغانلىقىڭنىڭ خەۋەرلىرى، سەندىكى قىرغىننىڭ چۇقانلىرى ۋە يارىدارلارنىڭ ئازابلىق ئىڭراشلىرى دېڭىز ياقىلىرىدىكى باشقا خەلقلەرنى قورقۇنچقا سالمامدۇ؟!16دېڭىز بويىدىكى باشقا پادىشاھلار تەختلىرىدىن چۈشۈپ، تونلىرىنى، كەشتىلىك لىباسلىرىنى سېلىپ تاشلاپ، سېنىڭ بېشىڭغا كەلگەن كۈلپەتتىن قورقۇشۇپ، يەردە ئولتۇرۇشۇپ، غال-غال تىترىشىدۇ.17ئۇلار سېنىڭ ھالىڭغا ئېچىنىپ، مۇنداق مەرسىيە ئوقۇشىدۇ:

‹ئەي داڭلىق دېڭىزچىلار شەھىرى،

قورقۇشاتتى قوشنا ئەللەر بىلىپ دېڭىزدىكى قۇدرىتىڭنى،

نەقەدەر ۋەيران بولۇپ كەتتىڭ ئەمدى!

18سەن يوقالغان كۈنى

تىترىگەنىدى دېڭىز بويىدىكى ئەللەر.

ۋەيران بولغانلىقىڭنى كۆرگەندە،

ساراسىمىگە چۈشتى ئاراللار.›»

19مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيمەن: «ئەي تىر، مەن سېنى ئادەمزاتسىز خارابىلىككە ئايلاندۇرىمەن ۋە چوڭقۇر دېڭىز سۈيىگە غەرق قىلىمەن.20ئۇ چاغدا سەن ئۆلۈكلەر ماكانىدا بۇرۇنقى زاماندا ئۆلۈپ كەتكەنلەر بىلەن بىرگە بولىسەن، سەن ئۇ يەردە ئۇلار بىلەن ئۇ دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرىدە ياشايسەن. سەن ھېچقاچان قايتىپ كېلەلمەيسەن، تىرىكلەر دۇنياسىدىكى بۇرۇنقى ئورنۇڭغا مەڭگۈ ئېرىشەلمەيسەن.21سەن قورقۇنچلۇق ئاقىۋەتكە دۇچار بولىسەن، قايتا مەۋجۇت بولمايسەن. سېنى ئىزدىگەنلەر سېنى مەڭگۈ تاپالمايدۇ. بۇ مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»


*26: 1مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 585 يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.


 

27

تىر شەھىرىگە مەرسىيە

1پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
2_ ئەي ئادەم بالىسى، سەن تىر شەھىرى ئۈچۈن مەرسىيە ئوقۇ.3دېڭىزنىڭ چىقىش ئېغىزىغا جايلاشقان ۋە دېڭىزنىڭ بويلىرىدا ياشايدىغان نۇرغۇن خەلقلەر بىلەن تىجارەت قىلىدىغان تىر شەھىرىگە ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت:

«ئەي تىر، سەن ئۆزۈڭنى ‹تەڭداشسىز گۈزەلمەن› دەپ ماختىغانىدىڭ.

4سېنىڭ چېگرالىرىڭ دېڭىزنىڭ مەركىزىگىچە ئىدى.

سېنى بەرپا قىلغۇچىلار كەم-كۈتىسىز گۈزەل بەرپا قىلغانىدى.

5سەن خېرمون تېغىنىڭ قارىغاي ياغىچىدىن ياسالغان كېمىگە ئوخشايسەن.

ماچتاڭ لىۋاننىڭ كېدىر ياغىچىدىن،

6پالىقىڭ باشاننىڭ دۇپ دەرەخلىرىدىن ياسالغانىدى.

پوللىرىڭ سىپرۇس قارىغايلىرىدىن ياسىلىپ،

پىل چىشىدىن نەقىش قىلىنغانىدى.

7مىسىرنىڭ ئېسىل زىغىر رەختىدىن كەشتىلەپ ياسالغاندۇر يەلكىنىڭ،

تۇغۇڭ ئىدى ئۇ سېنىڭ.

ئەلىشا قىرغاقلىرىدىن ئېلىپ كېلىنگەن

كۆك ۋە سۆسۈن رەختتىن ياسالغانىدى سايىۋەنلىرىڭ.

8كېمەڭنىڭ پالاقچىلىرى سىدون ۋە ئارۋادلىقلار ئىدى.

رولچىلىرىڭ ئىشقا ماھىر ئادەملىرىڭ ئىدى.

9گىباللىق پىشقان ئۇستىلار كېمەڭنىڭ يوچۇقلىرىنى ئېتىپ تۇراتتى.

دېڭىزدىكى بارلىق كېمىلەر سەن بىلەن سودا قىلاتتى.

10قوشۇنۇڭدا پېرسىيەلىكلەر، لۇدلار، پۇئۇتلار بار ئىدى،

ئۇلار قالقان ۋە دۇبۇلغىلىرىنى ئېسىپ قويۇپ،

ھەيۋەڭنى نامايان قىلىشاتتى.

11ئەي تىر، ئارۋادلىقلار قوشۇنلىرىڭ بىلەن بىرگە سېپىللىرىڭنى قوغدايتتى،

گامادلىقلار مۇنارلىرىڭدا قاراۋۇللۇق قىلاتتى.

ئۇلار سېپىللارغا قالقانلىرىنى ئېسىپ قويۇپ، سېنىڭ تەڭداشسىز گۈزەللىكىڭنى نامايان قىلاتتى.

12سەن مول بايلىققا ئىگە بولغاچقا، تارشىشلىقلار كۈمۈش، تۆمۈر، قەلەي ۋە قوغۇشۇنلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، سەن بىلەن تىجارەت قىلاتتى.13يۇنانلار، تۇباللار، مەشەكلەر سەندە سودا قىلاتتى. ئۇلار قۇللار ۋە تۇچ بۇيۇملارنى ئېلىپ كېلىپ، سېنىڭ ماللىرىڭغا ئالماشتۇراتتى.14توگارمالىقلار ئات، جەڭ ئاتلىرى ۋە قېچىرلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، سەن بىلەن تىجارەت قىلاتتى.15رودوس خەلقى سەن بىلەن سودىلىشاتتى. دېڭىز بويلىرىدىكى كۆپ ئەللەر سېنىڭ خېرىدارلىرىڭ ئىدى. ئۇلار پىل چىشى ۋە قارا ئەبنوس ياغاچلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، سەندە سودا قىلاتتى.
16سەندە تاۋارلار مول بولغاچقا، ئىدوم خەلقىمۇ سەن بىلەن تىجارەت قىلاتتى. ئۇلار فىرۇزە، سۆسۈن رەڭلىك رەختلەر، كەشتىلەنگەن رەختلەر ۋە ئېسىل زىغىر رەختلەرنى ھەمدە مارجان تاشلار ۋە قىزىل ياقۇتلارنى ئېلىپ كېلىپ، سەندە سودا قىلاتتى.17يەھۇدىيەلىكلەر ۋە ئىسرائىلىيەلىكلەرمۇ سېنىڭ خېرىدارلىرىڭ ئىدى. ئۇلار مىننىتتىن كەلتۈرۈلگەن بۇغداي، تېرىق، ھەسەل، زەيتۇن يېغى ۋە پۇراقلىق مەلھەملەرنى ئېلىپ كېلىپ، سەندە تىجارەت قىلاتتى.18دەمەشقلىكلەرمۇ سېنىڭ تاۋارلىرىڭ ۋە بايلىقىڭنىڭ موللۇقىنى بىلىپ، خەلبوندا ئىشلەنگەن شاراب ۋە زاخارنىڭ يۇڭلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، سەندە سودا قىلاتتى.19ئۇزال زېمىنىدىن ئېلىپ كەلگەن شارابلىرىنى ماللىرىڭغا ئالماشتۇراتتى. ساپ تۆمۈر، گۈلدارچىن، پۇراقلىق ئېگىر ئېلىپ كېلىپ، سەندە سودا قىلاتتى.20دىدانلىقلار ئېگەر-توقۇملىرىنى ئېلىپ كېلىپ، سەندە تىجارەت قىلاتتى.21ئەرەبلەر ۋە قېدارنىڭ بارلىق شاھزادىلىرى سېنىڭ خېرىدارلىرىڭ ئىدى. ئۇلار پاقلان، قوچقار ۋە ئۆچكە ئېلىپ كېلىپ، سەندە تىجارەت قىلاتتى.22شىبا ۋە راماھنىڭ سودىگەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ سۈپەتلىك خۇش پۇراقلىق دورا-دەرمەكلىرى، قىممەتلىك تاش ۋە ئالتۇنلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، سەندە سودا قىلاتتى.23خاران، كانېھ، ئەدەن، شىبا، ئاسسۇر ۋە كىلماد سودىگەرلىرى سەن بىلەن سودا قىلاتتى.24ئۇلار ئېسىل كىيىم، كەشتىلەنگەن كۆك رەخت، پۇختا توقۇلغان نەپىس، رەڭگارەڭ گىلەملەرنى ئېلىپ كېلىپ، سەندە تىجارەت قىلاتتى.
25تارشىشنىڭ كېمىلىرى ماللىرىڭنى توشۇيتتى.

سەن ئېغىر مال قاچىلانغان دېڭىزدىكى كېمىگە ئوخشايسەن.

26سەندىكى پالاقچىلار سېنى دېڭىز مەركىزىگىچە ئاپىرىدۇ،

لېكىن دېڭىزدا شەرق شامىلى سېنى پاچاقلاپ تاشلايدۇ.

27بايلىقلىرىڭ، ماللىرىڭ، تاۋارلىرىڭ، كېمىچىلىرىڭ، رولچىلىرىڭ

كېمە ياسىغۇچى ئۇستىلىرىڭ، سودىگەرلىرىڭ،

لەشكەرلىرىڭ ۋە كېمەڭدىكى ھەرقانداق ئادەم سەن ۋەيران بولغان كۈنى دېڭىز مەركىزىدە پۈتۈنلەي غەرق بولىدۇ.

28رولچىلىرىڭنىڭ ئازابلىق چۇقانلىرى دېڭىز ساھىللىرىنى لەرزىگە سالىدۇ.29بارلىق پالاقچىلار كېمىلىرىنى تەرك ئېتىشىدۇ،

كېمىچىلىرى ۋە رولچىلىرىمۇ قىرغاققا چىقىشىدۇ.

30ئۇلار سەن ئۈچۈن پەرياد قىلىپ، قاتتىق يىغلىشىدۇ،

باشلىرىغا توپا چېچىپ، كۈلدە ئېغىنىشىدۇ.

31چاچلىرىنى چۈشۈرۈپ، ماتەملىك كىيىم كىيىشىدۇ،

قاتتىق يىغلىشىپ، ھەسرەت چېكىشىدۇ.

32ئۇلار نالە-پەرياد ئىچىدە سەن ئۈچۈن مەرسىيە ئوقۇشىدۇ

ۋە ساڭا تەزىيە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېيىشىدۇ:

‹دېڭىزغا چۆكۈپ كەتكەن تىر شەھىرىگە ئوخشاش يەنە بىر شەھەر بارمىدى؟›

33ماللىرىڭ دېڭىز ئارقىلىق توشۇلۇپ،

نۇرغۇن ئەللەرنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىغانىدى،

سەندىكى زور بايلىق ۋە تاۋارلار بىلەن پادىشاھلار باي بولغانىدى،

34ئەمما سېنى دېڭىز دولقۇنلىرى ۋەيران قىلدى،

ماللىرىڭ ۋە بارلىق ئادەملىرىڭ دېڭىزغا غەرق بولدى.

35سېنىڭ سەۋەبىڭدىن دېڭىز بويىدا ياشايدىغان خەلقلەر ئالاقزادە بولۇشتى.

ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرى ۋەھىمىگە چۈشۈپ، چىرايلىرى تاتىرىپ كەتتى!

36سەن باشقا ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەسخىرىسىگە قالدىڭ.

سەن قورقۇنچلۇق ئاقىۋەتكە دۇچار بولدۇڭ، ئەمدى قايتا مەۋجۇت بولمايسەن.»

 

28

تىر پادىشاھىغا قارشى چۈشكەن ۋەھىي

1پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
2_ ئەي ئادەم بالىسى، سەن تىر ھۆكۈمرانىغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت:

«سەن تەكەببۇرلۇق قىلىپ، كۆڭلۈڭدە: ‹مەن ئىلاھتۇرمەن،

دېڭىزدىكى ئىلاھنىڭ تەختىدە ئولتۇرىمەن› دەيسەن.

سەن ئۆزۈڭنى خۇدادەك دانا چاغلىساڭمۇ،

لېكىن سەن بەرىبىر ئىنسانسەن، خۇدا ئەمەستۇرسەن.

3سەن ئۆزۈڭنى دانىيالدىنمۇ ئەقىللىق چاغلايسەن.

‹مەن بىلمەيدىغان ھېچقانداق سىر يوق› دەپ ئويلايسەن.

4سەن ھەقىقەتەن ئەقىل-پارىسىتىڭگە تايىنىپ باي بولدۇڭ،

خەزىنىلىرىڭ ئالتۇن-كۈمۈشكە تولدى.

5سەن سودىغا ماھىرلىقىڭ بىلەن بايلىقىڭنى كۆپەيتكەنلىكىڭ ئۈچۈن،

كۆڭلۈڭنى تەكەببۇرلۇق قاپلاپ كەتتى.»

6شۇڭا مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن:

«سەن ئۆزۈڭنى مەن خۇدادەك دانا چاغلىغانلىقىڭ ئۈچۈن،

7ساڭا ئەڭ ۋەھشىي يات ئەللەرنى ھۇجۇم قىلدۇرىمەن.

ئۇلار قىلىچلىرىنى يالىڭاچلاپ،

دانالىقىڭ ئارقىلىق ئېرىشكەن گۈزەل نەرسىلىرىڭنى ۋەيران قىلىدۇ

ۋە شان-شەرىپىڭنى بۇلغايدۇ.

8ئۇلار سېنى ئۆلۈكلەر ماكانىغا تاشلايدۇ،

سەن دېڭىزنىڭ مەركىزىدە ئېچىنىشلىق ھالدا ھالاك بولىسەن.

9سەن ئۆزۈڭنى سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغانلارنىڭ ئالدىدا

يەنىلا ئىلاھ دېيەلەمسەن؟

سەن سېنى ئۆلتۈرىدىغانلارنىڭ قولىدا

پەقەت ئاددىي بىر ئىنسانسەن، ئىلاھ ئەمەستۇرسەن.

10سەن يات خەلقلەرنىڭ قولىدا خەتنە قىلىنمىغان ھالەتتە ئۆلىسەن.

بۇ مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»

تىر پادىشاھىنىڭ ئاقىۋىتى

11پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
12_ ئەي ئادەم بالىسى، سەن تىر پادىشاھىغا مەرسىيە ئوقۇ ۋە ئۇنىڭغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت:

«سەن تولۇپ تاشقان ئەقىل-پاراسەت ۋە گۈزەللىكىڭ بىلەن

مۇكەممەللىكنىڭ ئۈلگىسى ئىدىڭ.

13سەن مېنىڭ ئېرەم بېغىمدا ياشايتتىڭ.

سەن قىزىل ياقۇت، توپاز، ئالماس، سېرىق ياقۇت، يوللۇق ھېقىق،

قىزىل ھېقىق، كۆك ياقۇت، فىرۇزە ۋە زۇمرەت قاتارلىق قىممەتلىك تاشلار بىلەن بېزەلگەنىدىڭ،

زىبۇ-زىننەتلىرىڭ ئالتۇندىن ئىدى.

بۇ نەرسىلەر سەن ئاپىرىدە بولغان كۈندە ئاللىقاچان تەييارلىنىپ بولۇنغانىدى.

14مەن سېنى ئېرەم بېغىمنى قوغدايدىغان كېرۇب قىلىپ تاللىدىم.

سەن مېنىڭ مۇقەددەس تېغىمدا ئىدىڭ،

ئوتتەك يالتىرىغان تاشلار ئارىسىدا ماڭاتتىڭ.

15سەن يارىتىلغاندىن تارتىپ تاكى رەزىللىك قىلغىنىڭغا قەدەر توغرا يولدا ماڭغانىدىڭ.16لېكىن تىجارىتىڭ يۈرۈشكەندىن كېيىن، زوراۋانلىق قىلىپ، گۇناھ سادىر قىلدىڭ.

شۇ سەۋەبتىن بېغىمنى قوغدايدىغان ئەي كېرۇب،

مەن سېنى تېغىمدىن شەرمەندىلەرچە ھەيدىۋەتتىم،

ئوتتەك يالتىرىغان تاشلار ئارىسىدىن يوقاتتىم.

17گۈزەللىكىڭ سېنى تەكەببۇرلاشتۇردى.

پارلاق شان-شەرىپىڭ ئەقلىڭنى بۇلغىدى.

شۇڭا مەن سېنى يەرگە تاشلاپ،

باشقا ئەل پادىشاھلىرىنىڭ ئالدىدا يۈزۈڭنى تۆكتۈم.

18سەن چەكسىز گۇناھلىرىڭ ۋە

سودىدىكى ئادالەتسىزلىكىڭ بىلەن

سەجدىگاھلىرىڭنى بۇلغىدىڭ،

شۇڭا مەن ئىچىڭدىن سېنى كۆيدۈرۈپ يوق قىلىدىغان ئوت چىقاردىم

ۋە ساڭا قاراپ تۇرغانلارنىڭ ئالدىدا سېنى كۆيدۈرۈپ، كۈلگە ئايلاندۇردۇم.

19سېنى بىلىدىغان بارلىق ئەللەر ھاڭ-تاڭ بولۇشتى.

سەن قورقۇنچلۇق ئاقىۋەتكە دۇچار بولدۇڭ،

ئەمدى قايتا مەۋجۇت بولمايسەن.»

سىدون شەھىرىگە قارشى ۋەھىي

20پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
21_ ئەي ئادەم بالىسى، سىدون شەھىرىگە يۈزلىنىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا قارشى ۋەھىيىمنى يەتكۈز22ۋە ئۇنىڭغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت:

«ئەي سىدون، ساڭا قارشى تۇرىمەن.

سەن ئارقىلىق ئۆزۈمنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى كۆرسىتىمەن،

ئۈستۈڭدىن ھۆكۈم چىقىرىپ، مۇقەددەسلىكىمنى نامايان قىلىمەن،

شۇندىلا كىشىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.

23زېمىنىڭغا ۋابا تارقىتىمەن، كوچىلىرىڭدا قان ئاققۇزىمەن،

قىلىچلىق دۈشمەنلەر ھەممە تەرەپتىن كېلىدۇ،

شەھەرنى ئۆلۈكلەر قاپلايدۇ.

شۇندىلا كىشىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.»

24ئىسرائىللارنى كەمسىتكەن قوشنا ئەللەر ئەمدى ئۇلارغا تىكەن ۋە ئازغانلاردەك سانجىلىيالمايدۇ، شۇندىلا كىشىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.

ئىسرائىل خەلقىنىڭ بەختلىك بولۇشى

25ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن باشقا ئەللەرگە تارقىلىپ كەتكەن ئىسرائىللارنى يىغىپ ئەكېلىپ، ئۇلار ئارقىلىق مۇقەددەسلىكىمنى باشقا ئەللەرگە نامايان قىلغاندا، ئىسرائىللار مەن خىزمەتكارىم ياقۇپقا ئاتا قىلغان زېمىنغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىدۇ.26ئۇلار ئۇ يەردە بىخەتەر ياشايدۇ، ئۆي سالىدۇ، ئۈزۈمزارلىقلارنى بەرپا قىلىدۇ. مەن ئۇلارنى كەمسىتكەن ئەتراپىدىكى قوشنا ئەللەرنى جازالىغاندىن كېيىن، ئاندىن ئىسرائىللار ئۇ يەردە بىخەتەر ياشايدۇ. شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ ئۆزلىرىنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان خۇداسى ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.»

 

29

مىسىرغا قارشى چۈشكەن ۋەھىي

1سۈرگۈندىكى ۋاقتىمىزنىڭ 10-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى*پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
2_ ئەي ئادەم بالىسى، سەن پىرئەۋن، يەنى مىسىر پادىشاھىغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ۋە پۈتۈن مىسىر خەلقىگە قارشى ۋەھىيىمنى يەتكۈز3ۋە ئۇلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت:

«ئەي مىسىر پىرئەۋنى،

سەن نىل دەرياسىنىڭ ئېقىنلىرىدا ياتقان ۋەھشىي مەخلۇقسەن،

مەن ساڭا قارشى تۇرىمەن.

سەن: ‹نىل دەرياسى مېنىڭدۇر، ئۇنى مەن ياراتتىم› دەيسەن.

4لېكىن مەن ئىلمەك بىلەن جاۋىغايلىرىڭدىن ئىلىپ،

دەريادىكى بېلىقلارنى قاسراقلىرىڭغا چاپلاشتۇرىمەن.

ئاندىن سېنى قاسراقلىرىڭغا چاپلاشقان بېلىقلار بىلەن بىرگە دەريادىن يۇلۇپ ئېلىپ،

5چۆلگە تاشلايمەن.

ئۆلۈكۈڭ دالادا قالىدۇ، ھېچكىم سېنى ئېلىپ كېلىپ كۆممەيدۇ.

مەن سېنى يىرتقۇچ ھايۋانلار ۋە قاغا-قۇزغۇنلارغا يەم قىلىپ بېرىمەن.

6شۇندىلا بارلىق مىسىرلىقلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.

سەن بىر تۈپ قومۇشقا ئوخشاش ئىسرائىل خەلقىگە يۆلەنچۈك بولالمىدىڭ.
7ئۇلار سېنى تايىنىدىغان تاياق قىلغاندا، سەن يېرىلىپ كېتىپ، ئۇلارنىڭ قولتۇقىنى تىلىۋەتتىڭ. ئۇلار ساڭا يۆلەنگەندە، سەن سۇنۇپ كەتتىڭ ۋە ئۇلارنىڭ بېلى چىم بولۇپ كەتتى.
8شۇڭا مەن دەيمەنكى، قىلىچىمنى ساڭا شىلتىپ، ئادەم ۋە ھايۋانلىرىڭنى يوقىتىمەن.9مىسىر بىر پارچە قاقاس زېمىنغا ئايلىنىدۇ. شۇندىلا مىسىرلىقلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.
سەن: ‹نىل دەرياسى مېنىڭدۇر، ئۇنى مەن ياراتتىم› دېگەنلىكىڭ ئۈچۈن،
10ساڭا ۋە دەريا ئېقىنلىرىڭغا قارشى تۇرىمەن. مىسىرنىڭ مىگدول شەھىرىدىن تارتىپ ئاسۋان شەھىرىگىچە ۋە كۇشنىڭ چېگرالىرىغىچە بولغان زېمىنىنى پۈتۈنلەي قاقاسلىققا ئايلاندۇرىمەن.11بۇ يەرگە ئادەم ۋە ھايۋانلار ئاياغ باسمايدۇ. قىرىق يىلغىچە بۇ يەردە ھېچكىم ياشىمايدۇ.12مەن مىسىرنى چۆللەرنىڭ چۆلىگە، شەھەرلىرىنى خارابىلىكلەرنىڭ خارابىلىكىگە ئايلاندۇرىمەن، بۇ ھالەت قىرىق يىل داۋاملىشىدۇ. مەن مىسىرلىقلارنى ياقا يۇرتلارغا چېچىۋېتىمەن ۋە يات ئەللەرگە تارقىتىۋېتىمەن.
13لېكىن مەن يەنە دەيمەنكى، قىرىق يىلدىن كېيىن ھەرقايسى ئەللەرگە تارقىلىپ كەتكەن مىسىرلىقلارنى يىغىمەن.14تۇتقۇن بولغانلىرىنى مىسىرغا قايتۇرۇپ ئەكېلىمەن. ئۇلارنىڭ ئەسلى يۇرتىغا، يەنى مىسىرنىڭ جەنۇبىغا كېلىشىگە يول قويىمەن. ئۇلار ئۇ يەردە ئاجىز بىر پادىشاھلىق قۇرىدۇ.15بۇ پادىشاھلىق ئەللەر ئارىسىدىكى ئەڭ كىچىك بىر پادىشاھلىق بولىدۇ، ھېچقاچان باشقا ئەللەردىن ئۈستۈن بولالمايدۇ. مەن ئۇنى شۇنچىلىك ئاجىز قىلىمەنكى، ئۇ باشقا ئەللەرگە قايتا ھۆكۈمرانلىق قىلالمايدۇ16مىسىر ئەمدى ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئۈمىدى بولالمايدۇ، ئەكسىچە مىسىر ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلىغان چاغدىكى گۇناھىنى ئەسلىتىدۇ. شۇندىلا مىسىرلىقلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.»

نىبۇكادنەزەرنىڭ مىسىرنى بويسۇندۇرۇشى

17سۈرگۈندىكى ۋاقتىمىزنىڭ 27-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى*، پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
18_ ئەي ئادەم بالىسى، بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر تىر شەھىرىگە قارشى شىددەتلىك ئۇرۇش ئېلىپ باردى. ئۇرۇشنىڭ شىددەتلىكىدىن دۇبۇلغىلار لەشكەرلەرنىڭ باشلىرىنى يالىدى، ئېغىر يۈكلەر مۈرىلىرىنى يېغىر قىلدى. لېكىن ئۇلار تۆلىگەن بەدەللىرىگە لايىق تىردىن ھېچقانداق ئولجىغا ئېرىشەلمىدى.19شۇڭا مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: «مەن مىسىرنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرگە تاپشۇرۇپ بېرىمەن. ئۇ مىسىرنى تالان-تاراج قىلىپ، بايلىقلىرىنى غەنىيمەت ئالىدۇ. مىسىردىكى بايلىقلار بابىل لەشكەرلىرىنىڭ ئىش ھەققى بولىدۇ.20بابىل پادىشاھى ۋە ئۇنىڭ لەشكەرلىرى مەن ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. شۇڭا مەن مىسىرنى ئۇنىڭغا ھەق سۈپىتىدە بېرىمەن. بۇ مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.
21ئۇ چاغ كەلگەندە مەن ئىسرائىل خەلقىنى كۈچلەندۈرىمەن. ئىسرائىل خەلقى سەن ئەزەكىئەلنىڭ ئاغزىغا قارايدۇ. شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.»


*29: 1مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 587-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.

*29: 17مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 571-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.


 

30

پەرۋەردىگارنىڭ مىسىرنى جازالىشى

1پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:2_ ئەي ئادەم بالىسى، ۋەھىيىمنى يەتكۈزۈپ، ئىگەم پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت:

«ئۇ كۈن كېلىۋاتىدۇ، دەپ زار يىغلاڭلار!

3ئۇ كۈنگە ئاز قالدى، مەن پەرۋەردىگارنىڭ جازا كۈنى كېلىشكە ئاز قالدى.

ئۇ كۈن ھاۋانى قارا بۇلۇت قاپلايدىغان،

ئەللەر جازالىنىدىغان كۈندۇر.

4بىر قىلىچ مىسىرغا قارشى چىقىدۇ،

كۇش ئېلى ۋەھىمىگە چۈشىدۇ.

مىسىردا نۇرغۇن ئادەم ھالاك بولىدۇ

ۋە دۈشمەنلەر مىسىرنىڭ بايلىقلىرىنى ئولجا ئالىدۇ.

مىسىر يەر بىلەن يەكسان بولىدۇ.

5كۇش، پۇئۇت، لۇد، لىۋىيە ۋە پۈتۈن ئەرەب زېمىنى، شۇنداقلا مىسىرنىڭ قالغان ئىتتىپاقداشلىرى مىسىر بىلەن بىرگە ئۇرۇشتا ۋەيران بولىدۇ.
6مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن:

‹مىسىرنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى گۇمران بولىدۇ،

مىسىرنىڭ پەخىرلەنگەن قوشۇنى ھالاك بولىدۇ.

مىگدولدىن ئاسۋانغىچە قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ.

7مىسىر چۆللەرنىڭ چۆلىگە،

شەھەرلىرى خارابىلىكلەرنىڭ خارابىلىكىگە ئايلىنىدۇ.

8مەن مىسىرغا ئوت قويۇپ،

ئۇنىڭ بارلىق ئىتتىپاقداشلىرى ھالاك بولغاندا،

ئاندىن ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.

9مەن ئۇ كۈنى غەمسىز ياشاۋاتقان كۇشلارغا ئەلچىلەرنى كېمە بىلەن ئەۋەتىپ، ئۇلارنى قورقۇنچقا سالىمەن، مىسىر ھالاك بولغان كۈنى ئۇلار ئالاقزادە بولۇپ تىترىشىدۇ. قاراپ تۇر، ئۇ كۈن چوقۇم كېلىدۇ!›.
10مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن:

‹مەن بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنىڭ قولى بىلەن مىسىرنىڭ قوشۇنلىرىنى يوقىتىمەن.

11نىبۇكادنەزەر ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى ئەللەرنىڭ قوشۇنلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ۋەھشىيلىرىدۇر.

مەن ئۇلارنى مىسىر زېمىنىنى ۋەيران قىلىشقا ئەۋەتىمەن.

ئۇلار قىلىچلىرىنى سۇغۇرۇپ،

مىسىر زېمىنىنى جەسەت بىلەن تولدۇرىدۇ.

12نىل دەرياسىنى قۇرۇتۇۋېتىمەن،

ئۇلارنىڭ يەرلىرىنى رەزىللەرگە تاپشۇرۇپ بېرىمەن.

مىسىر زېمىنىنى ۋە ئۇ يەردىكى بارلىق نەرسىلەرنى ياتلارنىڭ قولى بىلەن ۋەيران قىلىمەن.

بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.›

13مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن:

‹بۇتلارنى يوقىتىمەن،

نوپ شەھىرىنىڭ بۇتلىرىنى ۋەيران قىلىمەن،

مىسىردا ئەمدى ھۆكۈمران بولمايدۇ،

مىسىرنى ۋەھىمىگە سالىمەن.

14مىسىرنىڭ جەنۇبىنى قاقاسلىققا ئايلاندۇرىمەن،

زوئان شەھىرىگە ئوت قويىمەن،

نو شەھىرىنى جازالايمەن.

15‏ مەن سىن شەھىرىگە،

يەنى مىسىرنى قوغدايدىغان قورغانغا غەزىپىمنى ياغدۇرىمەن.

نو شەھىرىنىڭ خەلقىنى يوقىتىمەن.

16مىسىرغا ئوت قويىمەن،

سىن شەھىرىنىڭ ئاھالىسى قاتتىق ئازابلىنىدۇ.

نو شەھىرىنىڭ سېپىلىدىن ھۇجۇم بىلەن يوچۇق ئېچىلىدۇ.

نوپ شەھىرى ھەر كۈنى ۋەھىمىگە چۈشىدۇ.

17ئون ۋە پىبەسەت شەھەرلىرىنىڭ يىگىتلىرى جەڭدە ھالاك بولىدۇ،

ئاھالىلىرى تۇتقۇن بولىدۇ.

18مەن مىسىرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ۋەيران قىلغاندا،

تاخپانخېس شەھىرىنى زۇلمەت قاپلايدۇ.

ئۇنىڭ ماختىنىدىغان كۈچ-قۇدرىتى يوقىتىلىدۇ،

شەھەرنى قارا بۇلۇتلار قاپلايدۇ،

ئۇنىڭ يېزا-قىشلاقلىرىدىكى ئاھالىلىرى ئەسىر ئېلىنىدۇ.

19مەن مۇشۇ يوللار بىلەن مىسىرنى چوقۇم جازالايمەن،

شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.›»

مىسىرنىڭ بابىلغا بېقىندى بولۇشى

20سۈرگۈندىكى ۋاقتىمىزنىڭ 11-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى*پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
21_ ئەي ئادەم بالىسى، مەن مىسىر پىرئەۋنى، يەنى پادىشاھىنىڭ بىلىكىنى سۇندۇردۇم، ھېچكىم ئۇنىڭ بىلىكىنى تېڭىپ قويمىدى، ھېچكىم ئاغرىقىغا شىپا بولمىدى. شۇڭا ئۇ قولىدا قىلىچ كۆتۈرگۈدەك كۈچلىنەلمىدى.22مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: «مەن مىسىر پىرئەۋنىگە قارشى تۇرىمەن، ئۇنىڭ ئىككىلا بىلىكىنى سۇندۇرۇۋېتىمەن، يەنى ئىككىنچى بىلىكىنىمۇ سۇندۇرۇۋېتىمەن، قولىدىن قىلىچىنى چۈشۈرۈۋېتىمەن.23مەن مىسىرلىقلارنى ياقا يۇرتلارغا چېچىۋېتىمەن ۋە يات ئەللەرگە تارقىتىۋېتىمەن.24بابىل پادىشاھىنىڭ بىلەكلىرىگە كۈچ بېرىپ، قىلىچ تۇتقۇزىمەن، لېكىن مەن پىرئەۋننىڭ بىلەكلىرىنى سۇندۇرۇۋېتىمەن. پىرئەۋن ئۇنىڭ ئالدىدا ئېغىر يارىدار ئادەمدەك ئىڭرايدۇ.25بابىل پادىشاھىنىڭ بىلەكلىرىنى كۈچلۈك، پىرئەۋننىڭ بىلەكلىرىنى ئاجىز قىلىمەن. قىلىچىمنى بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن. ئۇ قىلىچنى پۇلاڭلىتىپ، مىسىرغا ھۇجۇم قىلغاندا، مىسىرلىقلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.26مەن مىسىرلىقلارنى ياقا يۇرتلارغا چېچىۋېتىمەن ۋە يات ئەللەرگە تارقىتىۋېتىمەن، شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.»


*30: 20مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 587 يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.


 

31

مىسىرنىڭ ئاقىۋىتىگە قىلىنغان تەمسىل

1سۈرگۈندىكى ۋاقتىمىزنىڭ 11-يىلى، 3-ئاينىڭ 1-كۈنى*پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
2_ ئەي ئادەم بالىسى، مىسىرنىڭ پادىشاھى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرىغا مۇنداق دەپ ئېيت:

«ئەي پىرئەۋن، بۈيۈكلۈكتە ساڭا تەڭ كېلىدىغان كىم بار؟

3ئاسسۇرىيەگە قارا، ئاسسۇرلارمۇ لىۋاندىكى بىر تۈپ كېدىر دەرىخىدەك ئىدى،

ئۇنىڭ بۈك-باراقسان ئۆسكەن شاخلىرى ئەتراپىغا سايە تاشلايتتى،

ئۇنىڭ بويى ئېگىز بولۇپ، ئۇچى بۇلۇتقا تاقاشقانىدى.

4‏ سۇلار ئۇنى سۇغىراتتى،

يەرنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىكى سۇلار ئۇنى ئېگىز ئۆستۈرەتتى.

ئۇ كېدىر دەرىخى تۇرغان جايدا ئېقىنلار ئاقاتتى،

ئۆستەڭدىكى سۇلار دالادىكى بارلىق دەرەخلەرگە ئېقىپ كىرەتتى.

5شۇڭا ئۇ دالادىكى بارلىق دەرەخلەردىن ئېگىز ئۆسكەنىدى.

ئۇنىڭ شاخلىرى توم ھەم ئۇزۇن ئىدى،

چۈنكى سۇ مەنبەسى مول ئىدى.

6قۇشلار شاخلىرىغا ئۇۋا سالاتتى،

دالادىكى ياۋايى ھايۋانلار ئۇنىڭ ئاستىدا ئەۋلاد قالدۇراتتى،

ھەممە بۈيۈك ئەللەر ئۇنىڭ سايىسىدا ياشايتتى.

7ئۇ باراقسان ۋە گۈزەل بولۇپ، شاخلىرى كەڭ يېيىلغانىدى.

ئۇ يەر ئاستىغا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بولۇپ، مول سۇ مەنبەسىگە تۇتاشقانىدى.

8ھەتتا ئېرەم بېغىمدىكى كېدىر دەرەخلىرىنىمۇ ئۇنىڭغا سېلىشتۇرغىلى بولمايتتى.

قارىغاي ۋە چىنارلارمۇ ئۇنىڭ شاخلىرىغا تەڭ كېلەلمەيتتى.

ئېرەم بېغىمدىكى دەرەخلەرنىڭ ھېچقايسىسى ئۇنىڭدەك گۈزەل ئەمەس ئىدى.

9مەن ئۇنى بۈك-باراقسان ئۆستۈرۈپ، گۈزەللەشتۈردۈم.

ئېرەم بېغىمدىكى دەرەخلەرمۇ ئۇنىڭغا ھەۋەس قىلاتتى.

10‏ شۇڭا مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار مۇنداق قىلدىم: ‹ئۇ دەرەخ ئېگىز ئۆسۈپ، بۇلۇتقا تاقىشىپ تەكەببۇرلىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن،11ئۇنى ئەڭ كۈچلۈك ئەلنىڭ ھۆكۈمرانىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردىم. بۇ ھۆكۈمران ئۇنى رەزىللىكىگە لايىق جازالايدۇ، مەن ئۇنىڭدىن ۋاز كەچتىم.12يات خەلقلەر، يەنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ ۋەھشىيلىرى ئۇنى كېسىپ تاشلىدى. ئۇنىڭ سۇندۇرۇلغان شاخلىرى تاغلارغا ۋە جىلغىلارغا تاشلاندى، سۇنغان پارچىلىرى جىرالارغا چېچىلدى. ئۇنىڭ سايىسىدا ياشىغان پۈتۈن خەلقلەر ئۇ يەرنى تەرك ئەتتى.13قۇشلار كېسىلىپ يەردە ياتقان دەرەخ غولىغا قونسا، يىرتقۇچ ھايۋانلار ئۇنىڭ شاخلىرىنىڭ ئارىلىرىنى ماكان قىلدى.14بۇنىڭدىن كېيىن سۇ ياقىسىدىكى باشقا دەرەخلەر ئۇنىڭغا ئوخشاش بۇلۇتقا تاقاشقۇدەك ئېگىز ئۆسمەيدۇ. سۇ مەنبەسى تولۇق بولغان دەرەخلەرمۇ ئۇنىڭدەك يوغىنىمايدۇ، ئۇلارمۇ ئىنسانلارغا ئوخشاش ئۆلۈمگە مەھكۇم بولۇپ، گۆرگە بەند بولىدۇ.›
15مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق قىلدىم: ‹ئاشۇ بىر تۈپ كېدىر دەرىخى ئۆلۈكلەر ماكانىغا بەند بولغان كۈنى، مەن دەريا ئېقىنلىرىنى ئۇنىڭ ئۈچۈن ھازا تۇتقۇزدۇم. چۈنكى مەن ئۇنى سۇغارغان سۇ مەنبەلىرىنى توختاتقانىدىم. لىۋاننى قاراڭغۇلۇققا مەھكۇم قىلدىم، دالادىكى پۈتۈن دەرەخلەرنى قۇرۇتتۇم.16مېنىڭ ئۇ كېدىر دەرىخىنى باشقىلار بىلەن بىرگە ئۆلۈكلەر ماكانىغا بەند قىلغانلىقىمنى باشقا ئەللەر ئاڭلاپ، قورقۇپ، تىترىشىپ كەتتى. ئىلگىرى ئېرەم باغ ۋە لىۋاندىكى چېغىدا تولۇق سۇغۇرۇلغان ئەڭ ياخشى ۋە ئېسىل دەرەخلەرمۇ ئۇنىڭمۇ ئۆلۈكلەر ماكانىغا كەلگەنلىكىدىن تەسەللى تېپىشتى.17ئاشۇ كېدىر دەرىخىنىڭ سايىسىدا ياشىغانلارمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆلۈكلەر ماكانىغا مەھكۇم بولۇپ، قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سېپىگە قوشۇلدى.
18ئەي پىرئەۋن، سېنى ئېرەم باغدىكى قايسى دەرەخكە ئوخشىتاي؟ سەن بەرىبىر ئېرەم باغدىكى دەرەخلەرگە ئوخشاش ئۆلۈكلەر ماكانىغا مەھكۇم بولۇپ، خەتنە قىلىنمىغان، قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن كىشىلەر بىلەن بىرگە بولىسەن! مانا بۇ سېنىڭ ۋە قوشۇنلىرىڭنىڭ ئاقىۋىتى.› بۇ مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»


*31: 1مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 587 يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.


 

32

مىسىر پادىشاھى ھەققىدىكى مەرسىيە

1سۈرگۈندىكى ۋاقتىمىزنىڭ 12-يىلى، 12-ئاينىڭ 1-كۈنى*پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
2_ ئەي ئادەم بالىسى، مىسىر پىرئەۋنى، يەنى پادىشاھى ھەققىدىكى بۇ مەرسىيەنى ئۇنىڭغا يەتكۈز:

«شىردەك بىلدىڭ ئۆزۈڭنى ئەللەر ئارا،

ئەمەلىيەتتە سەن ئوخشايسەن دېڭىزدىكى بىر مەخلۇققا.

سەن پەقەت لەرزىگە سالىسەن دەريانى،

پۇتلىرىڭ بىلەن قوچۇپ لېيىتىسەن سۇلارنى.

3ئىگەڭ پەرۋەردىگار دەيدۇكى،

ساڭا قارشى ئەۋەتىمەن نۇرغۇن خەلقلەرنى،

تور تاشلاپ، تۇتۇپ چىقار ئۇلار سېنى.

4سېنى تاشلاپ يەرگە، ئېتىپ دالاغا،

قوندۇرىمەن قاغا-قۇزغۇنلارنى ئۈستۈڭگە،

يەم بولىسەن زېمىندىكى يىرتقۇچ ھايۋانلارغا.

5ئۆلۈكۈڭ تاغ ئارىسىدا قالىدۇ،

جەسىتىڭ جىلغىلارنى قاپلايدۇ.

6زېمىننى سۇغىرىمەن قېنىڭدا،

تاغلار، جىرالار قالار ئاستىدا.

7مەن سېنى يوقاتقاندا،

ئاسماننى يېپىپ،

نۇرسىز قىلىمەن يۇلتۇزلارنى.

بۇلۇت بىلەن توسىمەن قۇياشنى،

چاچمايدۇ ئايمۇ نۇرىنى.

8توسىمەن كۆكتە پارلىغان بارلىق نۇرنى،

قاراڭغۇلۇققا ئايلاندۇرىمەن زېمىنىڭنى،

ئىگەڭ پەرۋەردىگار دېدىم بۇنى.

9مەن سېنى ۋەيران قىلغاندا، نۇرغۇن خەلقلەرنىڭ، ھەتتا سېنى تونۇمايدىغان خەلقلەرنىڭ كۆڭۈللىرىگە غەم چۈشىدۇ.10‏ بېشىڭغا كەلگەن ئىشلار سەۋەبىدىن نۇرغۇن خەلقلەر ھەيران قالىدۇ. قىلىچىمنى پۇلاڭلاتقان ۋاقتىمدا نۇرغۇن پادىشاھلار قورقۇپ، ۋەھىمىگە چۈشىدۇ. سەن گۇمران بولغان كۈنى ئۇلار جانلىرىدىن ئەنسىرىشىپ تىترىشىدۇ.11مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن:

‹بابىل پادىشاھىنىڭ قىلىچى ساڭا ھۇجۇم قىلىدۇ.

12مەن قوشۇنۇڭنى يات خەلقلەرنىڭ،

يەنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ ۋەھشىي لەشكەرلەرنىڭ قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈشىگە يول قويىمەن.

لەشكەرلەر مىسىرلىقلارنىڭ غۇرۇرىنى سۇندۇرىدۇ،

مىسىرنىڭ پۈتۈن قوشۇنى ھالاك بولىدۇ.

13ئۆلتۈرىمەن ئۇنىڭ سۇلار بويىدىكى پۈتۈن پادىلىرىنى،

ئادەملەرنىڭ پۇتلىرى، ھايۋانلارنىڭ تۇياقلىرى ئەمدى قوچۇپ، لېيىتالمايدۇ دەريا سۈيىنى.

14ئاندىن مەن مىسىرنىڭ دەريالىرىنىڭ سۈيىنى تىندۇرۇپ سۈزۈك قىلىمەن،

ئۇ ئاستا ئاقىدۇ خۇددى زەيتۇن يېغىدەك.

ئىگەڭ پەرۋەردىگار دېدىم بۇنى.

15قاقاسلىققا ئايلاندۇرىمەن مىسىر تۇپراقلىرىنى،

يوق قىلىمەن ئۇنىڭدىكى ھەممە نەرسىنى،

قىرىپ تاشلايمەن ئاھالىلىرىنى.

شۇندىلا ئۇلار پەرۋەردىگار دەپ بىلىدۇ مېنى.›

16بۇ مىسىر ئۈچۈن ئېيتىلىدىغان مەرسىيەسىدۇر. ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئاياللىرى مىسىر ۋە ئۇنىڭ خەلقى ئۈچۈن بۇ مەرسىيەنى ئېيتىشىدۇ. بۇ مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»

ئۆلۈكلەر ماكانىغا مەھكۇم بولغانلار

17‏ شۇ ئاينىڭ 15-كۈنى*پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
18_ ئەي ئادەم بالىسى، مىسىر خەلقى ئۈچۈن ھازا تۇت. ئۇلارنى ۋە قۇدرەتلىك ئەللەرنى ئۆلۈكلەر ماكانىدىكى باشقىلار بىلەن بىرلىكتە ئۆلۈكلەر ماكانىنىڭ ئەڭ چوڭقۇرىغا مەھكۇم قىل.19مىسىرغا مۇنداق دەپ ئېيت: «ئەي مىسىر، سەن ئۆزۈڭنى ھەممىدىن گۈزەل دەپ ئويلىغانمىدىڭ؟ ئەمدى ئۆلۈكلەر ماكانىغا مەھكۇم بولۇپ، خەتنە قىلىنمىغانلار بىلەن بىرگە بولىسەن!»20‏ مىسىر قىلىچتا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ. قىلىچ غىلاپتىن چىقتى، مىسىر ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن قوشۇنلىرى ئېلىپ كېتىلىدۇ.21ئۆلگەن باتۇر سەركەردىلەر ئۆلۈكلەر ماكانىدىكى مىسىر پادىشاھى ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ھەققىدە: «بۇلار ئۆلۈكلەر ماكانىغا مەھكۇم بولۇپ، قىلىچتا ئۆلگەن خەتنىسىزلەر بىلەن بىر يەردە بولدى» دەيدۇ.
22ئاسسۇرلارمۇ پۈتۈن قوشۇنلىرى بىلەن ئۇ يەردىدۇر. ئۇنىڭ تۆت ئەتراپى قوشۇنلىرىنىڭ قەبرىلىرىدۇر. ئۆلگەنلەرنىڭ ھەممىسى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەردۇر.23ئۇلارنىڭ جايى ئۆلۈكلەر ماكانىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرىدىدۇر. تۆت ئەتراپى ئاسسۇر قوشۇنلىرىنىڭ قەبرىلىرىدۇر. ئۇلار ھايات ۋاقتىدا باشقىلارغا ۋەھىمە سالغانىدى، ئاخىر بېرىپ، ئۆزلىرى قىلىچ ئاستىدا ئۆلدى.
24ئېلاممۇ ئەنە شۇ يەردىدۇر. ئۇنىڭ تۆت ئەتراپى قوشۇنلىرىنىڭ قەبرىلىرىدۇر. ئۇلار قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلۈپ، خەتنە قىلىنمىغان ھالەتتە ئۆلۈكلەر ماكانىغا مەھكۇم قىلىندى. ئۇلار ھايات ۋاقتىدا باشقىلارغا ۋەھىمە سالغانىدى، ئەمدى گۆردىكىلەر بىلەن بىرگە نومۇسقا قالماقتا.25ئېلام ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئارىسىدا بىر تۆشەك تەييارلاندى. ئۇنىڭ تۆت ئەتراپى قوشۇنلىرىنىڭ قەبرىلىرىدۇر. ئۇلار خەتنە قىلىنمىغان ھالەتتە قىلىچ ئاستىدا ھالاك قىلىندى. ئۇلار ھايات ۋاقتىدا باشقىلارغا ۋەھىمە سالغانىدى، ئەمدى گۆردىكىلەر بىلەن بىرگە نومۇسقا قالماقتا.
26مەشەك ۋە تۇبالمۇ ئۇ يەردىدۇر. ئۇلارنىڭ تۆت ئەتراپى قوشۇنلىرىنىڭ قەبرىلىرىدۇر. ئۇلارمۇ ھايات ۋاقتىدا باشقىلارغا ۋەھىمە سالغانىدى، ئەمدى ئۇلار خەتنە قىلىنمىغان ھالەتتە قىلىچ ئاستىدا ھالاك قىلىندى.27بۇرۇنقى زامانلاردا باتۇرلار ئۆلسە، دەپنە قىلىنغاندا قىلىچلىرى ياستۇق، قالقانلىرى يېپىنچا قىلىناتتى. لېكىن مەشەك ۋە تۇباللار شەرەپ بىلەن دەپنە قىلىنمىدى، چۈنكى ئۇلار ھايات ۋاقتىدا باشقىلارغا ۋەھىمە سالغانىدى.
28ئەي پىرئەۋن، سەنمۇ ھالاك بولىسەن، ئاشۇ خەتنە قىلىنمىغان، قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەر بىلەن بىرگە ياتىسەن.
29ئىدوممۇ پادىشاھلىرى ۋە شاھزادىلىرى بىلەن بىرگە ئۇ يەردىدۇر. ئۇلار بەك كۈچلۈك بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار يەنىلا گۆردىكى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەر ۋە خەتنە قىلىنمىغانلار بىلەن بىرگىدۇر.
30شىمالدىكى بارلىق ھۆكۈمرانلار ۋە سىدونلۇقلارمۇ ئۇ يەردىدۇر. گەرچە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ، باشقىلارغا ۋەھىمە سالغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئۇلار خەتنە قىلىنمىغان ھالەتتە قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەر بىلەن بىرگە نومۇسقا قالغان ھالدا گۆردە ياتماقتا.
31‏ مىسىر پىرئەۋنى، يەنى پادىشاھى پەقەت ئۆزىنىڭ قوشۇنىنىڭلا قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلمىگەنلىكىنى بەلكى باشقىلارنىڭ قوشۇنىنىڭمۇ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ تەسەللى تاپىدۇ.32پىرئەۋن ھايات ۋاقتىدا باشقىلارغا ۋەھىمە سالغانىدى. شۇڭا ئۇ ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى خەتنە قىلىنمىغان ۋە قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەر بىلەن بىرگە بولىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


*32: 1مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 585 يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.

*32: 17مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 585 يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.


 

33

ئەزەكىئەلنىڭ كۆزەتچىلىككە تەيىنلىنىشى

1پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
2_ ئەي ئادەم بالىسى، خەلقىڭگە مۇنداق دەپ ئېيت: «مەن بىر ئەلگە قارشى قىلىچ ئەۋەتسەم، ئۇ ئەل ئۆزلىرىگە بىر كۆزەتچى تەيىنلىسە ۋە3كۆزەتچى دۈشمەننىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بۇرغا چېلىپ خەلقنى ئاگاھلاندۇرسا،4لېكىن خەلق بۇرغا ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇرۇپمۇ، يەنىلا كۆزەتچىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا پىسەنت قىلماي، دۈشمەن تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلسە، بۇ ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ شورىدۇر.5ئۇلار بۇرغا ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇرۇپمۇ، ئاگاھلاندۇرۇشقا پىسەنت قىلمىغانىكەن، بۇ ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ شورىدۇر. ئۇلار ئاگاھلاندۇرۇشنى پىسەنتىگە ئالغان بولسا، جانلىرى ئامان قالغان بولاتتى.6لېكىن كۆزەتچى دۈشمەننىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ، بۇرغا چېلىپ خەلقنى ئاگاھلاندۇرماي، خەلقنىڭ دۈشمەن تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈشىگە سەۋەبچى بولسا، گەرچە ئۆلگەنلەر ئۆزلىرىنىڭ گۇناھى سەۋەبىدىن ئۆلگەن بولسىمۇ، لېكىن كۆزەتچىدىن ئۇلارنىڭ قان قەرزىنى سۈرۈشتە قىلىمەن.»
7ئەي ئادەم بالىسى، مەن سېنى ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆزەتچىسى قىلدىم، مەندىن ئاڭلىغان سۆزلەرنى ئۇلارغا يەتكۈزۈپ، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇر.8ئەگەر مەن رەزىل كىشىگە: «ئەي رەزىل، سەن چوقۇم ئۆلىسەن» دېسەم، لېكىن سەن ئۇنىڭ يامان يولىدىن يېنىشىغا نەسىھەت قىلمىساڭ ياكى ئۇنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويمىساڭ، ئۇ گۇناھلىرى سەۋەبىدىن ھالاك بولىدۇ. ئۇنداقتا مەن سەندىن ئۇنىڭ قېنى ئۈچۈن ھېساب ئالىمەن.9ئەگەر سەن ئۇنى يامان يولىدىن يېنىشىغا ئاگاھلاندۇرساڭ، لېكىن يامان يولىدىن يانمىسا، ئۇ ئۆزىنىڭ گۇناھى سەۋەبىدىن ھالاك بولىدۇ. لېكىن سەن بولساڭ ئۆزۈڭنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزغان بولىسەن.

شەخسنىڭ مەسئۇلىيىتى

10_ ئەي ئادەم بالىسى، ئىسرائىللارغا مۇنداق دەپ ئېيت: «سىلەر: ‹بىزنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھ ۋە سەۋەنلىكلىرىمىز يەلكىمىزدىدۇر. بىز بارغانسېرى ھالسىزلىنىپ كېتىۋاتىمىز، قانداقمۇ ھايات كەچۈرەلەيمىز؟› دەيسىلەر.»11مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، رەزىللەرنىڭ ھالاكىتىدىن خۇرسەن بولمايمەن، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ يامان يوللىرىدىن يېنىپ، ھايات قېلىشىنى خالايمەن. ئەي ئىسرائىل خەلقى، يېنىڭلار، يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىڭلار! نېمىشقا ئۆزۈڭلارنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىسىلەر؟
12ئەي ئادەم بالىسى، خەلقىڭگە مۇنداق دەپ ئېيت: «ھەققانىي ئادەم گۇناھ قىلسا، ئۇنىڭ بۇرۇنقى ھەققانىيلىقى ئۇنى گۇناھىدىن قۇتقۇزالمايدۇ. رەزىل ئادەم رەزىللىكىدىن قول ئۈزسە، ئۇنىڭ بۇرۇنقى رەزىللىكى ئۇنى ھالاك قىلمايدۇ. ھەققانىي ئادەمنىڭ بۇرۇنقى ھەققانىيلىقى ئۇنىڭ كېيىن قىلغان گۇناھىدىن ھاياتىنى ساقلاپ قالالمايدۇ.13گەرچە مەن ھەققانىي ئادەمگە: ‹سەن چوقۇم ياشايسەن› دەپ ۋەدە بەرگەن بولساممۇ، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ ھەققانىيلىقىغا ئىشىنىپ ئادالەتسىزلىك قىلسا، مەن ئۇنىڭ ھەققانىي ئىشلىرىنى ھېسابقا ئالمايمەن. ئۇ قىلغان ئادالەتسىزلىكى سەۋەبىدىن ھالاك بولىدۇ.14گەرچە مەن رەزىل ئادەمگە: ‹سەن چوقۇم ئۆلىسەن› دېسەممۇ، لېكىن ئۇ گۇناھلىق ئىشلىرىدىن قول ئۈزۈپ، ئادىل ھەم دۇرۇس ئىشلارنى قىلسا،15گۆرۈگە ئالغان ۋە ئوغرىلىغان نەرسىنى ئىگىسىگە قايتۇرسا، ئىنسانغا ھاياتلىق بېرىدىغان قانۇن-بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلسا ۋە ئادالەتسىزلىك قىلمىسا، چوقۇم ھايات قالىدۇ، ھالاك بولمايدۇ.16ئۇنىڭ بۇرۇن ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى سۈرۈشتە قىلىنمايدۇ، ئۇ ئادىل ھەم دۇرۇس ئىش قىلغانلىقى ئۈچۈن ھايات قالىدۇ.
17خەلقىڭ: ‹ئىگىمىزنىڭ بۇنداق قىلىشى ئادالەتسىزلىكتۇر› دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ئادالەتسىزلىك قىلىدۇ.18ئەگەر ھەققانىي ئادەم ھەق يولىدىن يېنىپ، ئادالەتسىزلىك قىلسا، چوقۇم ھالاك بولىدۇ.19ئەگەر رەزىل ئادەم رەزىللىكىدىن يېنىپ، ئادىل ھەم دۇرۇس ئىشلارنى قىلسا، ھايات قالىدۇ.20لېكىن سىلەر: ‹ئىگىمىزنىڭ بۇنداق قىلىشى ئادالەتسىزلىكتۇر› دەيسىلەر. ئەي ئىسرائىل خەلقى، مەن ھەربىرىڭلارنىڭ تۇتقان يوللىرىغا يارىشا ھۆكۈم چىقىرىمەن.»

يېرۇسالېمنىڭ گۇمران بولغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر

21سۈرگۈندىكى ۋاقتىمىزنىڭ 12-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى*يېرۇسالېمدىن قېچىپ چىققان بىرى بابىلغا كېلىپ ماڭا:
_ شەھەر گۇمران بولدى، _ دېدى.
22شەھەردىن قېچىپ چىققۇچى كېلىشتىن بىر كۈن بۇرۇن كېچىدە پەرۋەردىگارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋۇجۇدۇمغا چۈشۈپ، مېنىڭ گەپ قىلىش ئىقتىدارىمنى قايتۇرۇپ بەرگەنىدى. ئۇ ئادەم ئەتىسى ئەتىگەندە ئالدىمغا كەلگەندە، مەن ئېغىزىمنى ئېچىپ گەپ قىلالىدىم.
23پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
24_ ئەي ئادەم بالىسى، ئىسرائىلىيەدىكى ئاشۇ خارابە شەھەرلەردە قالغان كىشىلەر مۇنداق دەپ يۈرۈشۈپتۇ: «ئىبراھىم ئۆزى يالغۇز بۇ زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىشقا ھەقلىق بولغان يەردە، بىز شۇنچە كۆپ بولغاندىكىن بۇ زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىشقا تېخىمۇ ھەقلىقمىز!»25لېكىن سەن ئۇلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «سىلەر قېنى بار گۆش يەيسىلەر، بۇتقا چوقۇنىسىلەر، ئادەم ئۆلتۈرىسىلەر، شۇنداق تۇرۇقلۇق بۇ زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىشقا نېمە ھەققىڭلار بار؟26سىلەر قىلىچقا تايىنىپ ياشايسىلەر، يىرگىنچلىك قىلمىشلارنى قىلىسىلەر، باشقىلارنىڭ ئاياللىرى بىلەن زىنا قىلىسىلەر. شۇنداق تۇرۇقلۇق بۇ زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىشقا نېمە ھەققىڭلار بار؟»
27سەن ئۇلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «مەن مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئاشۇ خارابە شەھەردە ياشاۋاتقانلار قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدۇ، دالادا ماكان تۇتقانلارنى ياۋايى ھايۋانلارغا يەم قىلىمەن، قەلئە ۋە ئۆڭكۈرلەرگە مۆكۈنۈۋالغانلار ۋابادا ئۆلىدۇ.28بۇ زېمىننى قاقاسلىققا ئايلاندۇرىمەن، خەلقنىڭ ماختانغان كۈچى يوق بولىدۇ. ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرى شۇنداق قاقاسلىققا ئايلىنىدۇكى، ئۇ يەرگە ھېچكىم ئاياغ باسمايدۇ.29ئۇلارنىڭ قىلغان يىرگىنچلىك قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن بۇ زېمىننى قاقاسلىققا ئايلاندۇرغىنىمدىلا، ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.»
30ئەي ئادەم بالىسى، سېنىڭ خەلقىڭ كوچىلاردا ۋە ئىشىكلىرىنىڭ ئالدىدا سەن ھەققىدە: «پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭغا نېمە خەۋەرنى يەتكۈز دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ باقايلى» دېيىشمەكتە.31ئۇلار ئادەتتىكى ۋاقىتلاردىكىدەك ئالدىڭغا توپلىشىپ كېلىپ، گېپىڭنى ئاڭلىشىدۇ، تۇرقىدىن مېنىڭ خەلقىمگە ئوخشايدۇ. لېكىن ئۇلار ئەمەلىيەتتە گېپىڭگە ئەمەل قىلمايدۇ. ئۇلار ئېغىزلىرىدا تاتلىق سۆزلىسىمۇ، لېكىن قەلبلىرىدە ھارام بايلىققا ئىنتىلىدۇ.32سەن ئۇلارنىڭ نەزىرىدە پەقەت چىلتار چېلىپ، مۇھەببەت ناخشىسى ئېيتىدىغان غەزەلچى، خالاس. ئۇلار سېنىڭ سۆزلىرىڭنى ئاڭلىسىمۇ، لېكىن بىرىگىمۇ ئەمەل قىلمايدۇ.33مەن ساڭا ئېيتقان ھەممە ئىشلار جەزمەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇ ئىشلار ئەمەلگە ئاشقاندا، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئارىسىدا بىر پەيغەمبەرنىڭ بولغانلىقىنى بىلىشىدۇ.


*33: 21مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 585 يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.


 

34

ئىسرائىلىيەنىڭ قويچىلىرى

1پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
2_ ئەي ئادەم بالىسى، سەن ئىسرائىللارنىڭ يېتەكچىلىرىگە قارشى ۋەھىيىمنى يەتكۈزۈپ، ئۇلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي پەقەت ئۆزىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئىسرائىللارنىڭ يېتەكچىلىرى! قويچىلارنىڭ قويلىرى بىلەن كارى بولماسلىقى كېرەكمۇ؟!3قوينىڭ سۈتىنى ئىچىسىلەر، يۇڭىدا كىيىم كىيىسىلەر، سېمىزلىرىنى بوغۇزلايسىلەر، لېكىن قوي پادىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمايسىلەر.4ئاجىزلىرىغا قارىمايسىلەر، ئاغرىقلىرىنى داۋالىمايسىلەر، يارىلانغانلىرىنىڭ يارىلىرىنى تاڭمايسىلەر، ئېزىپ قالغانلىرىنى تېپىپ كەلمەيسىلەر، يوقاپ كەتكەنلىرىنى ئىزدىمەيسىلەر، ئەكسىچە ئۇلارنى قاتتىق باشقۇرۇپ، زۇلۇم قىلىسىلەر.5قويچى بولمىغاچقا، قويلار تارقىلىپ، ياۋايى ھايۋانلارغا يەم بولدى.6مېنىڭ قويلىرىم ھەممە تاغ ۋە ئېگىزلىكلەردە سەرسان بولۇپ يۈرىدۇ. ئۇلار پۈتۈن يەر يۈزىگە تارقىلىپ كەتتى، ھېچكىم ئۇلارنى ئىزدىمىدى.
7شۇڭا ئەي قويچىلار، مېنىڭ سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار.8مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىلەرنى چوقۇم جازالايمەن. مېنىڭ قويلىرىم قويچىسىز قېلىپ، يىرتقۇچ ھايۋانلارغا يەم بولماقتا. مېنىڭ قويچىلىرىم بولغان سىلەر قويلىرىمنى ئىزدىمىدىڭلار. سىلەر قويلىرىمنى باقماي، ئۆزۈڭلارنى باقتىڭلار.9شۇڭا ئەي قويچىلار، سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار!10مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار دەيمەنكى، مەن سىلەرگە قارشى تۇرىمەن. سىلەرنى قويلىرىم ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىمەن. ئەمدى سىلەر قويلىرىمنى باقالمايسىلەر، شۇڭا ئۆزۈڭلارنىڭ ھالىدىنمۇ خەۋەر ئالالمايسىلەر. قويلىرىمنى ئاغزىڭلاردىن تارتىۋالىمەن، قويلىرىم ئەمدى سىلەرگە يەم بولمايدۇ.
11مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيمەنكى، مەن ئۆزۈم قويلىرىمنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىمەن.12قويلىرى تارقىلىپ كەتكەن قويچى قويلىرىنى قانداق ئىزدىگەن بولسا، مەنمۇ قويلىرىمنى شۇنداق ئىزدەيمەن. ئۇلار ئاپەتلىك، قاراڭغۇ كۈنلەردە تارقىلىپ كەتكەنىدى. مەن ئۇلارنى تارقىلىپ كەتكەن شۇ يەرلەردىن قۇتقۇزۇپ ئەكېلىمەن.13مەن ئۇلارنى تارقىلىپ كەتكەن ھەرقايسى يات ئەللەردىن يىغىپ، ئۆز زېمىنىغا قايتۇرۇپ ئەكېلىمەن. مەن ئۇلارنى ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرى، جىرالىرى ۋە ئادەم ياشايدىغان رايونلىرىدا باقىمەن.14مەن ئۇلارنى ياخشى ئوتلاقلاردا يايلىتىمەن. ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرى ئۇلارنىڭ يايلىقىغا ئايلىنىدۇ ۋە ئۇلار ياخشى يايلاقلاردا خاتىرجەم يېتىپ ئارام ئالىدۇ. ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرىدىكى ياخشى ئوتلاقلاردا ئوتلايدۇ.15مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار دەيمەنكى، قويلىرىمغا ئۆزۈم قويچى بولىمەن ۋە ئۇلارنى يايلاقلاردا يايلىتىمەن.16ئېزىپ قالغانلىرىنى ئىزدەيمەن، تارقىلىپ كەتكەنلىرىنى يىغىمەن، يارىلانغانلىرىنىڭ يارىسىنى تاڭىمەن، ئاجىزلىرىنى كۈچلەندۈرىمەن. لېكىن باشقىلارنى بوزەك قىلىپ، ھارامدىن سەمرىگەن كۈچلۈكلىرىنى يوقىتىمەن. مەن پادىلىرىمنى ئادالەت بىلەن باقىمەن.
17ئەي پادىلىرىم، مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، مەن سىلەرنى سوراق قىلىمەن، قوي بىلەن تېكىنى، ياخشى بىلەن ياماننى ئايرىيمەن.18ئەي تېكىلەر، سىلەر ئوتلىرى ئەلۋەك ئوتلاقلاردا ئوتلاپ تويمىدىڭلارمۇ؟! يەپ بولالمىغىنىڭلارنى دەسسەپ چەيلىشىڭلار كېرەكمىدى؟ سۈزۈك سۇلارنى ئىچىپ قانغاندىن كېيىن، يەنە ئۇنى كېچىپ لېيىتىشىڭلار كېرەكمىدى؟!19مېنىڭ قويلىرىم سىلەر چەيلىۋەتكەن چۆپنى يېيىشى، سىلەر لېيىتىۋەتكەن سۇنى ئىچىشى كېرەكمۇ؟!
20شۇڭا مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، مەن سېمىز قويلار بىلەن ئورۇق قويلارنى ئايرىپ سوراق قىلىمەن.21سېمىز قويلار بىقىنى ۋە يەلكىسى بىلەن ئورۇق قويلارنى ئىتتىرىپ، مۈڭگۈزى بىلەن ئۈسمەكتە.22شۇڭا مەن قويلىرىمنى قۇتقۇزىمەن. ئەمدى ئۇلار ئولجا بولمايدۇ. مەن قويلار ئارىسىدا ئادالەت ئورنىتىمەن.23ئۇلارغا خىزمەتكارىم داۋۇتنىڭ ئەۋلادىدىن بىر قويچى تەيىنلەيمەن. ئۇ ئۇلارغا قويچى بولۇپ، ئۇلارنى باقىدۇ.24مەن پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن، ئۇ خىزمەتكارىم داۋۇتقا ئوخشاش ئۇلارنىڭ پادىشاھى بولىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.
25مەن ئۇلار بىلەن تىنچلىق ئەھدىسى تۈزۈپ، بۇ زېمىندىن يىرتقۇچ ھايۋانلارنى يوقىتىمەن. شۇندىلا ئۇلار دالالاردا بىخەتەر ياشايدۇ، ئورمانلاردا تىنچ-ئامان ئۇخلايدۇ.26مەن ئۇلارنى بەختكە ئېرىشتۈرىمەن ۋە تېغىمنىڭ تۆت ئەتراپىنى بەرىكەتلىك قىلىمەن. ئۇلارغا پەسىل يامغۇرى ياغدۇرۇپ، بەخت ئاتا قىلىمەن.27باغلار مېۋىلەيدۇ، ئېتىزلار ھوسۇل بېرىدۇ، خەلقىم ئۆز يۇرتلىرىدا خاتىرجەم ياشايدۇ. مەن ئۇلارنىڭ بوينىدىكى بويۇنتۇرۇقنى سۇندۇرۇپ تاشلايمەن. ئۇلارنى قۇل قىلغان كىشىلەرنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىمەن. شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.28ئۇلار ئەمدى باشقا ئەللەرنىڭ ئولجىسى بولمايدۇ ھەم يىرتقۇچ ھايۋانلارغا يەم بولمايدۇ. ئۇلار خاتىرجەم ياشايدۇ، باشقىلار ئەمدى ئۇلارغا قورقۇنچ سالمايدۇ.29ئۇلارغا مۇنبەت زېمىن ئاتا قىلىمەن. ئۇلار ئەمدى ئاچلىق ئازابىنى تارتمايدۇ ھەم باشقا ئەللەرنىڭ خورلىشىغا ئۇچرىمايدۇ.30شۇندىلا ئىسرائىل خەلقى مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزلىرى بىلەن بىرگە ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ مېنىڭ خەلقىم ئىكەنلىكىنى بىلىشىدۇ. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.31ئەي ئىسرائىللار، سىلەر مېنىڭ يايلىقىمدىكى پادىلىرىمدۇرسىلەر. سىلەر مېنىڭ خەلقىم، مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىمەن. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»

 

35

پەرۋەردىگارنىڭ ئىدوم ئېلىنى جازالىشى

1پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
2_ ئەي ئادەم بالىسى، ئىدومدىكى سەئىر تېغىغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا قارشى ۋەھىيىمنى يەتكۈز3ۋە پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئەي سەئىر تېغى، مەن ساڭا قارشى تۇرىمەن، قولۇمنى كۆتۈرۈپ سېنى ئۇرىمەن، سېنى قاقاسلىققا ئايلاندۇرىمەن.4شەھەرلىرىڭنى خارابىلىككە، سېنى بىر پارچە قاقاس يەرگە ئايلاندۇرىمەن. شۇندىلا سەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسەن.5سەن ئىسرائىللارغا بولغان كونا ئاداۋىتىڭ سەۋەبىدىن ئۇلار قىيىنچىلىقتا قالغان، گۇناھى سەۋەبىدىن جازاغا ئۇچرىغان ۋاقتىدا ئۇلارنى قىلىچ ئاستىغا تاشلاپ بەردىڭ.6شۇڭا مەن پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سېنىڭ قېنىڭنى تۆكىمەن، قان پېشىڭنى قويۇۋەتمەيدۇ. سەن قان تۆكۈشتىن نەپرەتلەنمىگەنلىكىڭ ئۈچۈن، قان پېشىڭنى قويۇۋەتمەيدۇ7مەن سېنى قاقاسلىققا ئايلاندۇرىمەن، ئۇ يەردىن ئۆتكەن-كەچكەن ھەرقانداق ئادەمنى يوقىتىمەن.8مەن سېنى ۋە ئەتراپىڭدىكى تاغلارنى جەسەتلەرگە تولدۇرىمەن. ئېدىر، جىلغا ۋە جىرالىرىڭ قىلىچتا ئۆلگەنلەرنىڭ ئۆلۈكى بىلەن تولىدۇ.9سېنى مەڭگۈلۈك قاقاسلىققا ئايلاندۇرىمەن، شەھەرلىرىڭ ئادەمسىز قالىدۇ. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.
10ئەي ئىدوم، گەرچە مەن ئۇ يەردە بولساممۇ، بۇرۇن سەن: ‹يەھۇدىيە ۋە ئىسرائىلىيە بىزگە تەۋە بولىدۇ، بىز ئۇلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىمىز› دېگەنىدىڭ.11شۇڭا مەن مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سېنى ئۇلارغا قىلغان غەزىپىڭ، ھەسىتىڭ ۋە نەپرىتىڭگە لايىق جازالايمەن. مەن سېنى سوراق قىلىپ، ئۆزۈمنى ئىسرائىللارغا تونۇتىمەن.12سېنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرىغا قىلغان ھاقارەتلىرىڭنى مېنىڭ ئاڭلىغانلىقىمنى بىلىپ قالىسەن، سەن: ‹بۇ تاغلار قاقاسلاشتى، ئەمدى بىزگە يەم بولىدۇ› دېگەنىدىڭ.13سېنىڭ مەغرۇرلىنىپ، مەن ھەققىدە قىلغان نۇرغۇن يامان سۆزلىرىڭنى ئاڭلىدىم.14مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: ‹مەن سېنى قاقاسلىققا ئايلاندۇرغاندا، ھەممە ئادەم خۇشاللىققا چۆمىدۇ.15ئىسرائىل زېمىنى قاقاسلىققا ئايلانغاندا سەن خۇشال بولدۇڭ، شۇڭا سېنىمۇ قاقاسلىققا ئايلاندۇرىمەن. ئەي سەئىر تېغى، ئەي پۈتۈن ئىدوم زېمىنى، سىلەر قاقاسلىققا ئايلىنىسىلەر. شۇندىلا ئىسرائىل خەلقى مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.›»

 

36

پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارنى بەختكە ئېرىشتۈرۈشى

2-1 _ ئەي ئادەم بالىسى، ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرىغا ۋەھىيىمنى يەتكۈزۈپ، پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئەي ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرى، مېنىڭ سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار! دۈشمەنلەر: ‹بۇ قەدىمىي تاغلار بىزگە مەنسۇپ بولدى› دېيىشىپ، قاقاقلاپ كۈلۈشمەكتە.»
3ئەي ئادەم بالىسى، سەن ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرىغا ۋەھىيىمنى يەتكۈزۈپ، ئۇلارغا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «دۈشمىنىڭلار سىلەرگە ھەر تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىپ، سىلەرنى ۋەيران قىلدى. سىلەر يات خەلقلەرنىڭ مۈلكىگە ئايلاندىڭلار ھەم ئىزا-ئاھانەت ۋە كۈلكىسىگە قالدىڭلار.4ئەي ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرى، مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار! مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار تاغ، ئېدىر، جىرا، جىلغا ۋە خارابىلەرگە ھەمدە يات خەلقلەر تەرىپىدىن بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچراپ، ئادەمسىز قېلىپ، مەسخىرىگە قالغان شەھەرلەرگە مۇنداق دەيمەن:5‹مەن يات ئەللەرنى ۋە ئىدومنى قەھر-غەزىپىم بىلەن ئەيىبلەيمەن، چۈنكى ئۇلار زېمىنىمنى خۇرسەن بولغان ۋە ھېچكىمنى كۆزگە ئىلمىغان ھالدا ئىگىلىۋالدى ھەم ئوتلاقلىرىمنى يۇتۇۋالدى.›»6شۇڭا سەن ئىسرائىلىيەنىڭ تاغ، ئېدىر، جىرا ۋە جىلغىلىرىغا ۋەھىيىمنى يەتكۈزۈپ، پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيەنىڭ زېمىنى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «سىلەر يات ئەللەرنىڭ دەپسەندە قىلىشىغا ئۇچرىغىنىڭلاردا قەھر-غەزىپىم تاشتى.7شۇڭا مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار قەسەم قىلىمەنكى، مەنمۇ تۆت ئەتراپىڭلاردىكى يات خەلقلەرنى خورلۇققا قالدۇرىمەن.
8ئەي ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرى، سىلەردە ئەمدى دەرەخلەر كۆكلەپ، خەلقىم ئۈچۈن مېۋە بېرىدۇ، چۈنكى ئۇلار پات ئارىدا قايتىپ كېلىدۇ.9مەن سىلەر تەرەپتە تۇرىمەن، سىلەرگە يۈزلىنىمەن. ئېتىزلىرىڭلار قايتىدىن ئاغدۇرۇلۇپ، ئۇرۇق چېچىلىدۇ.10سەندە ياشايدىغان ئىسرائىل خەلقىنىڭ سانىنى كۆپەيتىمەن. خاراب بولغان شەھەرلەر قايتىدىن قۇرۇلىدۇ، شەھەرلەردە ئادەم ياشايدۇ.11مەن ئادەم ۋە مال-ۋارانلارنى ئاۋۇتىمەن، ئۇلار كۆپىيىپ، بەرىكەتلىك بولىدۇ. سىلەرگە ئىسرائىللار قايتىپ كېلىپ ئولتۇراقلىشىدۇ. سىلەر خۇددى بۇرۇنقىغا ئوخشاش روناق تاپىسىلەر، ئىسرائىللار تېخىمۇ گۈللىنىدۇ. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.12خەلقىم بولغان ئىسرائىللارنى سىلەردە قايتا ياشىتىمەن، ئۇلار سىلەرگە ئىگە بولىدۇ، سىلەر ئۇلارنىڭ مۈلكى بولىسىلەر. ئەمدى ئۇلارنى بالىلىرىدىن مەھرۇم قىلمايسىلەر.
13مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: ‹ئەي ئىسرائىلىيە تاغلىرى، يات ئەللەر بۇ زېمىننى ئادەم يەيدىغان، ئوغۇل-قىزلارنى خەلقىدىن مەھرۇم قىلىدىغان زېمىن دېيىشىدۇ.14ئەمدى سىلەر ئادەم يېمەيسىلەر ۋە ئوغۇل-قىزلارنى خەلقىدىن مەھرۇم قىلمايسىلەر. بۇ مەنكى ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.15ئەمدى سىلەرنى يات خەلقلەرگە مازاق قىلدۇرمايمەن ۋە ئۇلارنىڭ مەسخىرىسىگە قويمايمەن. سىلەر ئەمدى خەلقىمنىڭ قايتا پۇتلىشىپ كېتىشىگە سەۋەب بولمايسىلەر.›»
16پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
17_ ئەي ئادەم بالىسى، ئىسرائىل خەلقى ئۆز زېمىنىدا ياشىغان مەزگىلىدە، رەزىللىكلىرى بىلەن ئۆز زېمىنىنى بۇلغىغانىدى. ئۇلارنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرى مېنىڭ نەزىرىمدە خۇددى ھەيزدار ئاياللارنىڭ ھەيزلىرىدەك ناپاك ئىدى.18ئۇلار بۇ زېمىندا قان تۆكۈپ، بۇتلارغا چوقۇنۇپ، بۇ زېمىننى بۇلغىدى. شۇڭا مەن ئۇلارغا غەزەپلەندىم.19ئۇلارنى قىلمىش-ئەتمىشلىرىگە قارىتا جازالاپ، ياقا يۇرتلارغا، يات ئەللەرگە چېچىۋەتتىم.20ئۇلار نەگىلا بارمىسۇن ئەللەر ئارىسىدا مېنىڭ مۇقەددەس نامىمنى بۇلغاپ بولدى، چۈنكى ئۇلار يات خەلقلەرنىڭ: «بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى ئىدىغۇ؟! ئەمدى ئۇلار زېمىنىدىن قوغلىنىپتۇ» دېيىشىگە سەۋەب بولدى.21ئىسرائىل خەلقى نەگىلا بارمىسۇن ئەللەر ئارىسىدا مۇقەددەس نامىمنى بۇلغىدى، مەن مۇقەددەس نامىم ئۈچۈن قايغۇردۇم.
22ئەي ئادەم بالىسى، شۇ سەۋەبتىن سەن ئىسرائىل خەلقىگە ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئەي ئىسرائىللار، مېنىڭ سىلەرنى بۇ زېمىنغا قايتۇرۇشۇم سىلەر ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆزۈمنىڭ نامىنى قوغداش ئۈچۈندۇر. چۈنكى سىلەر بارغان يات ئەللەردە مېنىڭ مۇقەددەس نامىمنى بۇلغىدىڭلار.23مەن ئەمدى باشقا ئەللەر ئارىسىدا بۇلغانغان نامىمنىڭ قانچىلىك مۇقەددەسلىكىنى كۆرسىتىمەن. شۇندىلا ئەللەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.
24سىلەرنى ياقا يۇرتلاردىن، يات ئەللەردىن يىغىپ، يۇرتۇڭلارغا قايتۇرۇپ ئەكېلىمەن.25ئۈستۈڭلارغا پاكىز سۇ چاچىمەن، سىلەر پاك بولىسىلەر. سىلەرنى پۈتۈن ناپاكلىقلاردىن ۋە پۈتۈن بۇتلاردىن پاكلايمەن.26سىلەرگە يېڭى قەلب ۋە يېڭى روھ ئاتا قىلىمەن. ئىچىڭلاردىكى تاش يۈرەكنى ئېلىپ تاشلاپ، ئورنىغا يۇمشاق گۆش يۈرەك قويىمەن.27ئىچىڭلارغا روھىمنى سالىمەن. سىلەر مېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىمغا ئەمەل قىلىدىغان، قانۇن-قائىدىلىرىمگە چىن قەلبىڭلاردىن بويسۇنىدىغان بولىسىلەر.28سىلەر مەن ئەجدادلىرىڭلارغا ئاتا قىلغان زېمىندا ياشايسىلەر. سىلەر مېنىڭ خەلقىم، مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىمەن.29مەن سىلەرنى ھەر خىل ناپاك ئىشلىرىڭلاردىن ئازاد قىلىمەن. ئاشلىقىڭلارنى مول قىلىپ، ئاچارچىلىق پەيدا قىلمايمەن.30باغلىرىڭلاردىن ۋە ئېتىزلىرىڭلاردىن مول ھوسۇل ئالدۇرىمەن. ئەمدى سىلەر ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن يات ئەللەرنىڭ مەسخىرىسىگە قالمايسىلەر.31ئۇ چاغ كەلگەندە، ئۆزۈڭلارنىڭ بۇرۇن قىلغان ناچار ۋە رەزىل قىلمىشلىرىڭلارنى ئەسلەيسىلەر ۋە بۇرۇنقى گۇناھ ۋە يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىڭلار سەۋەبىدىن ئۆزۈڭلاردىن نەپرەتلىنىسىلەر.32مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: ‹بىلىشىڭلار كېرەككى، سىلەر مېنىڭ بۇ ئىشلارنى قىلىشىمغا لايىق ئەمەسسىلەر. ئەي ئىسرائىل خەلقى، قىلمىشىڭلاردىن خىجىل بولۇڭلار ۋە نومۇس قىلىڭلار.›
33مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيمەنكى، سىلەرنى پۈتۈن گۇناھىڭلاردىن پاكلىغان كۈنى شەھەرلىرىڭلارغا قايتىدىن ئادەم ئولتۇراقلاشتۇرىمەن، خارابىلىككە ئايلانغان شەھەرلەر قايتا قۇرۇلىدۇ.34تاشلىنىپ قالغان يەرلەر قايتا تېرىلىدۇ، ئۆتكەن-كەچكەنلەر ئەمدى تاشلاندۇق يەرلەرنى كۆرمەيدۇ.35ئۇلار: ‹بۇرۇنقى قاقاس يەرلەر ئەمدى ئېرەم باغقا ئايلىنىپتۇ. بۇرۇن خارابىلىككە ئايلانغان شەھەرلەرگە قايتىدىن سېپىللار ياسىلىپ، ئادەملەر ئولتۇراقلىشىپتۇ› دېيىشىدۇ.36ئۇ ۋاقىتتا ئەتراپىڭلاردىكى قالغان ئەللەر بۇ يەرلەرنى مېنىڭ قايتا قۇرۇپ چىققانلىقىمنى، تاشلىنىپ كەتكەن يەرلەرنى قايتا تېرىغانلىقىمنى بىلىشىدۇ. بۇلارنى مەن پەرۋەردىگار دېدىم، مەن دېگىنىمنى قىلىمەن.»
37مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: «مەن ئەمدى ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئىلتىجالىرىغا قۇلاق سېلىپ، ئۇلارنىڭ سانىنى قويلاردەك كۆپەيتىمەن.38خارابىلىككە ئايلانغان شەھەرلەرنى ئادەملەرگە تولدۇرىمەن، ئۇلارنىڭ سانى خۇددى يېرۇسالېمغا ھېيت كۈنلىرى قۇربانلىق قىلىنىشقا ئەكېلىنگەن مال-چارۋىلارنىڭ سانىدەك كۆپ بولىدۇ. شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.»

 

37

قۇرۇغان ئۇستىخانلارنىڭ قايتا تىرىلىشى

1پەرۋەردىگارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋۇجۇدۇمغا چۈشتى ۋە مېنى غايىبانە ئالامەت ئىچىدە بىر تۈزلەڭلىكنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېلىپ باردى. تۈزلەڭلىك ئۇستىخانلارغا تولۇپ كەتكەنىدى.2ئۇ مېنى ئاشۇ ئۇستىخانلارنىڭ ئارىسىدا ئايلاندۇرۇپ يۈردى. ئۇ يەردە قۇرۇپ كەتكەن ئۇستىخانلار ناھايىتى كۆپ ئىدى.3پەرۋەردىگار مەندىن:
_ ئەي ئادەم بالىسى، بۇ ئۇستىخانلارنىڭ تىرىلىشى مۇمكىنمۇ؟ _ دەپ سورىدى. مەن:

_ ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، بۇنى پەقەت سەنلا بىلىسەن، _ دېدىم.

4پەرۋەردىگار يەنە ماڭا مۇنداق دېدى:
_ سەن بۇ ئۇستىخانلارغا ۋەھىيىمنى يەتكۈزۈپ، مۇنداق دەپ ئېيت: «ئەي قۇرۇپ كەتكەن ئۇستىخانلار، پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار!
5مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار ئېيتىمەنكى، مەن سىلەرگە نەپەس بېرىمەن، سىلەر تىرىلىسىلەر.6ئۈستۈڭلارغا پەي ۋە گۆش قوندۇرىمەن، تېرە قاپلايمەن. سىلەرگە نەپەس پۈۋلەيمەن، سىلەر تىرىلىسىلەر. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.»
7مەن پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە ۋەھىي يەتكۈزدۈم. ۋەھىي يەتكۈزۈۋاتقىنىمدا ئۇستىخانلارنىڭ تاراق-تۇرۇق ئاۋازلارنى چىقىرىپ، بىر-بىرىگە ئۇلىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم.8قارىسام، ئۇستىخانلارنىڭ ئۈستىگە پەي ۋە گۆش قونۇپ، تېرىلەر قاپلىنىپتۇ، پەقەت نەپىسى يوق ئىدى.9پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
_ ئەي ئادەم بالىسى، سەن شامالغا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئەي شامال، تۆت تەرەپتىن ئەسكىن، ئۆلتۈرۈلگەن ئادەملەرگە نەپەس پۈۋلەپ، ئۇلارنى تىرىلدۈرگىن.»
10مەن پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە ئۇنىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزدۈم. نەپەس ئۇلارنىڭ ئىچىگە كىردى، ئۇلار تىرىلدى ھەمدە ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، ئىنتايىن چوڭ بىر جامائەت بولدى.
11پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
_ ئەي ئادەم بالىسى، ئىسرائىل خەلقى بۇ ئۇستىخانلارغا ئوخشايدۇ. ھازىر ئىسرائىللار: «ئۇستىخانلىرىمىز قۇرۇپ، ئۈمىدىمىز ئۆچۈپ، پۈتۈنلەي تۈگەشتۇق» دېيىشىدۇ.
12شۇنىڭ ئۈچۈن سەن ئۇلارغا ۋەھىيىمنى يەتكۈزۈپ، مۇنداق دەپ ئېيت: «مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار ئېيتىمەنكى، ئەي خەلقىم، مەن سىلەرنى قەبرەڭلاردىن ئېلىپ چىقىپ، ئىسرائىلىيەگە ئېلىپ كېتىمەن.13ئەي خەلقىم، سىلەرنى قەبرەڭلاردىن ئېلىپ چىققىنىمدا، سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.14مەن روھىمنى پۈۋلەپ، سىلەرنى تىرىلدۈرىمەن ۋە سىلەرنى ئۆز يۇرتۇڭلارغا ئورۇنلاشتۇرىمەن. شۇندىلا سىلەر بۇلارنى مېنىڭ دېگەنلىكىمنى ۋە دېگىنىمنى قىلىدىغانلىقىمنى بىلىسىلەر. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»

يەھۇدىيە بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشى

15پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
16_ ئەي ئادەم بالىسى، قولۇڭغا بىر تاياق ئېلىپ، ئۇنىڭغا: «يەھۇدىيە پادىشاھلىقىدىكى قەبىلىلەر» دەپ ياز. ئاندىن يەنە بىر تاياق ئېلىپ، ئۇنىڭغا: «يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئەفرايىم ۋە ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىدىكى باشقا قەبىلىلەر» دەپ ياز.17ئاندىن بۇ ئىككى تاياقنى بىر قولۇڭدا تۇتقىنكى، ئۇلار بىر تاياقتەك كۆرۈنسۇن.18خەلق: «بۇنىڭ مەنىسى نېمە، بىزگە چۈشەندۈرۈپ قويامسەن؟» دەپ سورىسا،19‏ ئۇلارغا ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «مەن يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئەفرايىم ۋە ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىدىكى باشقا قەبىلىلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان تاياق بىلەن يەھۇدىيە پادىشاھلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان تاياقنى قولۇمغا ئېلىپ، ئۇلارنى بىر تاياق قىلىمەن، ئۇلار قولۇمدا بىر بولىدۇ.»
20سەن خەت يېزىلغان بۇ ئىككى تاياقنى خەلققە كۆرسىتىپ تۇرۇپ،21ئۇلارغا ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «مەن ئىسرائىل خەلقىنى تارقىلىپ كەتكەن ئەللەردىن يىغىمەن ۋە ئۇلارنى ھەر تەرەپتىن ئۆز يۇرتىغا قايتۇرۇپ كېلىمەن.22مەن ئۇلارنى ئىسرائىلىيەنىڭ تۇپرىقى، يەنى تاغلىرىدا بىرلەشتۈرۈپ، بىر خەلق قىلىمەن. ئۇلارنى بىرلا پادىشاھ باشقۇرىدۇ، ئۇلار بۇنىڭدىن كېيىن ئىككى پادىشاھلىققا پارچىلانمايدۇ.23ئۇلار بۇنىڭدىن كېيىن يىرگىنچلىك بۇتقا چوقۇنۇپ، رەزىل ئىشلار بىلەن ئۆزىنى ناپاك قىلمايدۇ. ئۇلارنى مەندىن قايتا-قايتا يۈز ئۆرۈگەنلىكىدەك گۇناھلىرىدىن قۇتقۇزۇپ چىقىپ پاكلايمەن. ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ، مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن.
24خىزمەتكارىم بولغان داۋۇتنىڭ ئەۋلادىدىن پادىشاھ چىقىپ، ئۇلارنىڭ پادىشاھى بولىدۇ. ئۇ ئىسرائىللارنىڭ بىردىنبىر قويچىسى بولىدۇ. ئۇلار مېنىڭ قانۇنلىرىمغا رىئايە قىلىدۇ، بەلگىلىمىلىرىمگە چىن قەلبىدىن بويسۇنىدۇ.25ئۇلار مەن خىزمەتكارىم بولغان ياقۇپقا ئاتا قىلغان زېمىندا، يەنى ئەجدادلىرى ياشىغان زېمىندا خاتىرجەم ياشايدۇ. بۇ يەردە ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى مەڭگۈ ياشايدۇ، خىزمەتكارىم بولغان داۋۇتنىڭ ئەۋلادى مەڭگۈ ئۇلارنىڭ پادىشاھى بولىدۇ.26مەن ئۇلار بىلەن مەڭگۈلۈك تىنچلىق ئەھدىسى تۈزۈپ، ئۇلارنى روناق تاپقۇزىمەن ۋە سانىنى كۆپەيتىمەن. مېنىڭ ئىبادەتخانام مەڭگۈ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ.27مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ماكان تۇتىمەن ۋە ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن، ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ.28ئىبادەتخانامنى ئۇلارنىڭ ئارىسىغا مەڭگۈلۈك قۇرغان ۋاقتىمدا، جاھاندىكى ئەللەر ئىسرائىللارنى مۇقەددەس قىلغۇچىنىڭ مەن پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى بىلىشىدۇ.»

 

38

گوگقا قارشى ۋەھىي

1پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
2_ ئەي ئادەم بالىسى، ماگوگ زېمىنىدىكى مەشەك ۋە تۇباللارنىڭ ھۆكۈمرانى گوگقا يۈزلىنىپ، ئۇنىڭغا قارشى ۋەھىيىمنى يەتكۈز3ۋە ئۇنىڭغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئەي مەشەك ۋە تۇباللارنىڭ ھۆكۈمرانى گوگ، مەن ساڭا قارشى تۇرىمەن.4مەن سېنى يولۇڭدىن ياندۇرۇپ ئەكېلىمەن. جاۋىغايلىرىڭدىن ئىلمەك بىلەن ئېلىپ، چوڭ-كىچىك قالقان تۇتقان، قىلىچ ئوينىتىدىغان بارلىق لەشكەرلىرىڭنى، ئاتلىرىڭنى ۋە ساۋۇت كىيگەن چەۋەندازلىرىڭنى سۆرەپ ئەكېلىمەن.5سېنىڭ قوشۇنۇڭدا قالقان تۇتقان، دۇبۇلغا كىيگەن پېرسىيەلىكلەر، كۇشلار، پۇئۇتلار،6گومەر خەلقىنىڭ لەشكەرلىرى ۋە يىراق شىمالدىكى توگارما يۇرتىنىڭ لەشكەرلىرى بولىدۇ. بۇ قوشۇن ناھايىتى كۆپ خەلقلەردىن تەركىب تاپقان قوشۇن بولىدۇ.
7ھازىرلان، ئەتراپىڭغا كېلىپ توپلانغان قوشۇنۇڭ بىلەن تەييار بول، سەن ئۇلارغا باشچىلىق قىلىسەن.8يەنە نۇرغۇن يىلدىن كېيىن سەن جەڭگە چاقىرىلىسەن. كېيىنكى ۋاقىتلاردا سەن ئۇزۇن يىل تاشلىنىپ قېلىپ، ئۇرۇشتىن كېيىن قايتا ئەسلىگە كەلگەن زېمىنغا، يەنى ھەرقايسى ئەللەردىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن خەلق خاتىرجەم ياشاۋاتقان ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرىغا ھۇجۇم قىلىسەن.9سەن نۇرغۇن ئەللەردىن تەشكىللەنگەن قوشۇنۇڭ بىلەن بوران-چاپقۇندەك كېلىسەن. سېنىڭ قوشۇنۇڭ خۇددى قارا بۇلۇت زېمىننى قاپلىغاندەك قاپلايدۇ.10ئۇ چاغدا نىيىتىڭ بۇزۇلىدۇ، رەزىل پىلان تۈزىسەن.11سەن مۇنداق دەيسەن: ‹سېپىل ۋە دەرۋازىسىز يېزىلارغا ھۇجۇم قىلىمەن. ھېچقانداق تەييارلىقى بولمىغان، خاتىرجەم ياشاۋاتقان خەلقنى ۋەيران قىلىمەن.12مەن ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى بۇلايمەن. ھەرقايسى ئەللەردىن قايتىپ كېلىپ، خاراب يۇرتلارنى گۈللەندۈرگەن خەلققە ھۇجۇم قىلىمەن. ئۇلارنىڭ چارۋىلىرى ۋە مۈلكى ھەددى-ھېسابسىزدۇر، ئۇلار دۇنيانىڭ كىندىكىدىدۇر.›13شىبا ۋە دىدان خەلقلىرى ھەمدە تارشىشتىكى سودىگەرلەر سەندىن: ‹سەن بۇلاڭچىلىق قىلغىلى، يەنى توپلانغان قوشۇنۇڭنى باشلاپ، ئالتۇن-كۈمۈش، چارۋا ماللارنى تالان-تاراج قىلغىلى كەلگەنمۇ!؟› دەيدۇ.»
14شۇنىڭ ئۈچۈن ئەي ئادەم بالىسى، سەن گوگقا قارشى ۋەھىيىمنى يەتكۈزۈپ، ئىگەم پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئاشۇ كۈنى كەلگەندە، ئىسرائىل خەلقىمنىڭ خاتىرجەم ھاياتقا ئېرىشكەنلىكىنى كۆرۈپ قالىسەن!15سەن يىراقتىكى شىمالدىن كېلىسەن، نۇرغۇن خەلق سېنىڭ تەرىپىڭدە بولىدۇ. ھەممىڭلار ئاتلىق زور قوشۇن بولىسىلەر.16ئەي گوگ، سەن خۇددى قارا بۇلۇت زېمىنغا باستۇرۇپ كەلگەندەك خەلقىم ئىسرائىللار ئۈستىگە باستۇرۇپ كېلىسەن. كېيىنكى ۋاقىتلاردا سېنى زېمىنىمغا ھۇجۇم قىلدۇرىمەن، شۇ ئارقىلىق مەن باشقا ئەللەر ئالدىدا ئۆزۈمنىڭ مۇقەددەسلىكىمنى نامايان قىلىمەن ۋە ئۇلارغا ئۆزۈمنى تونۇتىمەن.
17مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: ‹ئەي گوگ، مەن ئىلگىرى خىزمەتكارلىرىم، يەنى ئىسرائىلىيەدىكى پەيغەمبەرلىرىم ئارقىلىق سەن ھەققىدە ۋەھىي يەتكۈزگەن ئەمەسمىدىم، ئۇلار سېنىڭ ئىسرائىلىيەگە ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىڭ ھەققىدە ئالدىن بېشارەت بېرىشمىگەنمىدى!؟›
18گوگ ئىسرائىلىيەگە ھۇجۇم قىلغاندا، مەن چوقۇم غەزەپلىنىمەن.19مەن قاتتىق قەھر-غەزىپىم بىلەن شۇنى جاكارلايمەنكى، ئۇ كۈنى ئىسرائىلىيەدە قاتتىق يەر تەۋرەيدۇ.20دېڭىزدىكى بېلىقلار، ئاسماندىكى قۇشلار، يەر يۈزىدىكى ياۋايى ھايۋانلار، ئۆمىلىگۈچى جانلىقلار ۋە ئىنسانلار ئالدىمدا غال-غال تىترەيدۇ. تاغلار غۇلايدۇ، قىيالار يېرىلىدۇ، سېپىللار ئۆرۈلىدۇ.21مەن ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرىدا گوگقا قارشى قىلىچ ھازىرلايمەن، ئۇلارنى ئۆزئارا قىرغىن قىلدۇرىمەن، بۇ مەنكى ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.22ۋابا، قىرغىنچىلىق، قاتتىق يامغۇر، مۆلدۈر، ئوت ۋە گۈڭگۈرت بىلەن ئۇنى، قوشۇنىنى ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ھەرقايسى ئەللەردىن كەلگەن خەلقلەرنى جازالايمەن.23مەن ئۇلۇغلۇقۇمنى ۋە مۇقەددەسلىكىمنى نامايان قىلىمەن، ھەرقايسى ئەللەرگە ئۆزۈمنى تونۇتىمەن. شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.»

 

39

گوگنىڭ مەغلۇپ بولۇشى

1_ ئەي ئادەم بالىسى، گوگقا قارشى ۋەھىيىمنى يەتكۈزۈپ، ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئەي مەشەك ۋە تۇباللارنىڭ ھۆكۈمرانى گوگ، مەن ساڭا قارشى تۇرىمەن.2مەن سېنى يولۇڭدىن ياندۇرۇپ، يىراقتىكى شىمالدىن ئېلىپ كېلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرىغا ئىتتىرىپ كېلىمەن.3سول قولۇڭدىكى يانى ۋە ئوڭ قولۇڭدىكى ئوقنى ئۇرۇپ، يەرگە چۈشۈرىمەن.4سەن ۋە سېنىڭ قوشۇنۇڭ ھەمدە ساڭا ئەگىشىپ كەلگەن خەلقلەر ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرىدا ھالاك بولىدۇ. جەسىتىڭلار قۇزغۇنلار ۋە ياۋايى ھايۋانلارغا يەم بولىدۇ.5سەن دالادا ھالاك بولىسەن، چۈنكى مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار بۇنى ئېيتتىم.6ماگوگنىڭ زېمىنىدا ۋە دېڭىز بويىدىكى جايلاردا خاتىرجەم ياشاۋاتقانلارغا ئوت ياغدۇرىمەن. شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.
7خەلقىم ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدا مۇقەددەس نامىمنى نامايان قىلىمەن، ئەمدى مۇقەددەس نامىمنىڭ بۇلغىنىشىغا يول قويمايمەن. شۇندىلا ھەرقايسى ئەللەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى، يەنى ئىسرائىللارنىڭ مۇقەددەس خۇداسى ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.8مەن ئېيتقان كۈن چوقۇم كېلىدۇ، ھەممە ئىشلار شۇ كۈنى يۈز بېرىدۇ. بۇ مەنكى ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.
9شۇ ۋاقىتتا ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىكى ئاھالىلەر لەشكەرلەرنىڭ قوراللىرىنى تېرىۋېلىپ ئوتۇن قىلىپ، قالايدۇ. چوڭ-كىچىك قالقانلار، ئوقيالار، توقماق ۋە نەيزىلەر يەتتە يىل قالاشقا يېتىدۇ.10ئۇلارنىڭ ئوتۇن تېرىشىنىڭ، ئورمانلاردىن ئوتۇن كېسىشىنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ، قوراللار ئۇلارغا ئوتۇندۇر. ئۇلار ئۆزلىرىنى بۇلىغانلارنى بۇلايدۇ، تالىغانلارنى تالايدۇ. بۇ مەنكى ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.
11ئۇ كۈنى ئىسرائىلىيەدىكى دېڭىزنىڭ شەرقىي تەرىپىگە تۇتىشىدىغان ‹يولۇچى جىلغىسى›دا گوگنىڭ قەبرىسىنى ھازىرلايمەن. ئۇ ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى ئۇ يەرگە كۆمۈلىدۇ. بۇ قەبرىستانلىق يولۇچىلارنىڭ يولىنى توسىدۇ. شۇڭا ئۇ يەر ‹گوگ قوشۇنىنىڭ جىلغىسى› دەپ ئاتىلىدۇ.
12ئىسرائىل خەلقى گوگ قوشۇنلىرىنىڭ جەسەتلىرىنى كۆمۈپ، زېمىنىنى پاكلاش ئۈچۈن يەتتە ئاي سەرپ قىلىدۇ.13ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى جەسەت كۆمۈشكە قاتنىشىدۇ. شۇڭا ئۇلار مەن ئۇلۇغۋارلىقىمنى نامايان قىلغان كۈنى ھۆرمەتكە ئېرىشىدۇ.14يەتتە ئايدىن كېيىن، ئۇ يەرنى چارلايدىغانغا ئادەملەر تەيىنلىنىدۇ. چارلىغۇچىلار دائىم كېزىپ يۈرۈپ، كۆمۈلمەي قالغان ئۇستىخانلارنى كۆمۈپ، زېمىننى پاكلايدۇ.15چارلىغۇچىلار ئۇستىخان بايقىسا، يېنىغا بەلگە سېلىپ قويىدۇ، ئاندىن كۆمۈشكە مەسئۇل بولغانلىرى ئۇستىخاننى ‹گوگ قوشۇنىنىڭ جىلغىسى›غا ئېلىپ بېرىپ كۆمىدۇ.16(قەبرىستاننىڭ يېنىدا بىر شەھەر بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى ھامونادۇر [مەنىسى ‹قوشۇن›].) شۇنداق قىلىپ، ئۇلار زېمىنىنى پاكلايدۇ.»
17ئەي ئادەم بالىسى، مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار ساڭا دەيمەنكى، سەن ھەر خىل قۇش ۋە ياۋايى ھايۋانلارنى چاقىرىپ، ئۇلارغا مۇنداق دەپ ئېيت: «سىلەر ھەر تەرەپتىن توپلىشىپ كېلىڭلار، مەن پەرۋەردىگار سىلەر ئۈچۈن ھازىرلىغان قۇربانلىق زىياپىتىمگە قاتنىشىڭلار، يەنى ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرىغا كېلىپ، كاتتا زىياپەتكە داخىل بولۇڭلار. ئۇ يەردە گۆش يەيسىلەر، قان ئىچىسىلەر.18خۇددى ئادەملەر باشان زېمىنىنىڭ بوردالغان قوچقار، پاقلان، تېكە ۋە بۇقىلىرىنى يېگەندەك، سىلەرمۇ باتۇرلارنىڭ گۆشىنى يەپ، ھۆكۈمرانلارنىڭ قېنىنى ئىچىسىلەر.19سىلەر ئۆزۈڭلار ئۈچۈن تەييارلانغان قۇربانلىق زىياپىتىدە تويغۇچە مايلىق گۆش يەيسىلەر، مەست بولغاندەك ھۇزۇرلىنىپ قان ئىچىسىلەر.20جەڭ ئاتلىرىنىڭ، جەڭ ھارۋىلىرىنى ھەيدىگۈچىلەرنىڭ، باتۇرلارنىڭ ۋە ھەر خىل لەشكەرلەرنىڭ گۆشلىرىنى تويغۇچە يەيسىلەر.» بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

ئىسرائىللارنىڭ سۈرگۈندىن قايتىپ كېلىشى

21_ مەن ئۇلۇغۋارلىقىمنى ئەللەر ئارا نامايان قىلىمەن. پۈتۈن ئەللەر ئۆزلىرىنى جازالىغانلىقىمنى بىلىشىدۇ ۋە قۇدرەتلىك قولۇمنى كۆرۈشىدۇ.22شۇ كۈندىن باشلاپ ئىسرائىل خەلقى مېنىڭ ئۆزلىرىنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان خۇداسى ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.23باشقا ئەللەرمۇ ئىسرائىل خەلقىنىڭ ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلىپ گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنى سۈرگۈن قىلغانلىقىمنى بىلىشىدۇ. مەن خەلقىمدىن دىدارىمنى يوشۇرۇپ، ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇردۇم. ئۇلار قىلىچ ئاستىدا جېنىدىن جۇدا بولدى.24مەن ئۇلارنى ئىپلاسلىقلىرى ۋە گۇناھلىرىغا لايىق جازالىدىم ھەمدە ئۇلاردىن دىدارىمنى يوشۇردۇم.
25شۇڭا مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيمەن: «مەن ئەمدى ياقۇپنىڭ سۈرگۈندىكى ئەۋلادلىرى بولغان پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىنى يۇرتلىرىغا قايتۇرۇپ كېلىمەن، ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىمەن ۋە مۇقەددەس نامىمنى قاتتىق قوغدايمەن.26ئۇلار باشقىلارنىڭ تەھدىتلىرىدىن قۇتۇلۇپ يۇرتلىرىدا خاتىرجەملىككە ئېرىشكەندە، بۇرۇن قىلغان نومۇسسىزلىقلىرى ۋە ماڭا قىلغان بارلىق ساداقەتسىزلىكلىرىدىن نومۇس ھېس قىلىشىدۇ.27مەن ئۇلارنى يات ئەللەردىن ئېلىپ كەلگەن ۋە دۈشمەنلىرىنىڭ زېمىنلىرىدىن قايتۇرۇپ كەلگەن ۋاقتىمدا، ئۇلار ئارقىلىق ئۆزۈمنىڭ مۇقەددەسلىكىمنى نامايان قىلىمەن.28مەن ئۇلارنى باشقا ئەللەرگە سۈرگۈن قىلغانىدىم، كەلگۈسىدە ئۇلارنى يۇرتلىرىغا يىغىپ ئەكېلىمەن، بىر ئادەممۇ قېلىپ قالمايدۇ. شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ ئۆزلىرىنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان خۇداسى ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.29ئەمدى ئىسرائىللاردىن دىدارىمنى يوشۇرمايمەن، ئۇلارنى مۇقەددەس روھىمغا چۆمدۈرىمەن. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»

 

40

ئەزەكىئەلنىڭ يېرۇسالېمغا ئېلىپ بېرىلىشى

1سۈرگۈندىكى ۋاقتىمىزنىڭ 25-يىلى، يەنى يېرۇسالېم قولدىن كەتكەنلىكىنىڭ 14-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى*پەرۋەردىگارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋۇجۇدۇمغا چۈشتى ۋە مېنى يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى.2غايىبانە ئالامەتنىڭ ئىچىدە پەرۋەردىگار مېنى ئىسرائىل زېمىنىدىكى ئېگىز بىر تاغنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ چىقتى. تاغنىڭ جەنۇبىدا ئىمارەتلەر بار بولۇپ، شەھەرگە ئوخشايتتى.3ئۇ مېنى ئاشۇ يەرگە ئېلىپ باردى. قارىسام، دەرۋازىنىڭ ئالدىدا تۇچتەك پارقىراق بىر ئادەم تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ قولىدا زىغىر تانىدىن ۋە تاياقتىن ياسالغان ئىككى ئۆلچىگۈچ بار ئىدى.4ئۇ ئادەم ماڭا:
_ ئەي ئادەم بالىسى، مەن ساڭا كۆرسەتمەكچى بولغان ھەممە نەرسىگە سىنچىلاپ قارا، دىققىتىڭنى بەر، سۆزلىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلا. شۇ سەۋەبتىن، سەن بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىندىڭ. كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىڭنى ئىسرائىل خەلقىگە يەتكۈز، _ دېدى.

5قارىسام، ئەتراپىدا ھويلا تېمى بار بىر ئىبادەتخانا بار ئىكەن. ھېلىقى ئادەم قولىدىكى 3 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئۆلچەم تايىقى بىلەن ئىبادەتخانىنىڭ ھويلا تېمىنى ئۆلچىدى. تامنىڭ قېلىنلىقى 3 مېتىر، ئېگىزلىكىمۇ 3 مېتىر ئىدى.

ئىبادەتخانا تاشقىرىقى ھويلىسىنىڭ شەرقىي دەرۋازا ئىمارىتى

6ئۇ ئادەم مېنى دەرۋازا ئالدىغا باشلاپ كەلدى، بۇ ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىسىنىڭ شەرقىي دەرۋازا ئىمارىتى ئىدى. ئۇ پەلەمپەيدىن چىقىپ، كىرىش ئېغىزى ئالدىغا كەلدى ۋە كىرىش ئېغىزىنى ئۆلچىدى، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 3 مېتىر ئىدى.7دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ ئىچىدە ئۇزۇن بىر كارىدور بولۇپ، كارىدورنىڭ ئىككى تەرىپىدە قاراۋۇلخانىلار بار ئىدى. قاراۋۇلخانىلارنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكىمۇ 3 مېتىردىن بولۇپ، قاراۋۇلخانىلارنىڭ ئارىلىقىدىكى تاملارنىڭ قېلىنلىقى 2.5 مېتىر ئىدى. قاراۋۇلخانىلاردىن كېيىن، كارىدورنىڭ ئاخىرىدا بىر خانا بولۇپ، ئاخىرقى قاراۋۇلخانىدىن بۇ خانىغىچە بولغان تامنىڭ قېلىنلىقىمۇ 3 مېتىر ئىدى.8‏ ئۇ ئادەم بۇ خانىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچىدى،9ئۇزۇنلۇقى 4 مېتىر ئىدى. تاشقىرىقى ھويلىغا تۇتىشىدىغان چىقىش ئېغىزىدىكى تامنىڭ قېلىنلىقى بىر مېتىر بولۇپ، بۇ چىقىش ئېغىزى ئىبادەتخانىغا قاراپ تۇراتتى.10كارىدوردىكى ئالتە قاراۋۇلخانىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىمۇ، ئۇلارنى ئايرىپ تۇرغان تاملارنىڭ قېلىنلىقىمۇ ئوخشاش ئىدى.11ئاندىن چىقىش ئېغىزىنىڭ كەڭلىكىنى ئۆلچىدى، كەڭلىكى 5 مېتىر ئىدى، كارىدورنىڭ كەڭلىكى 6.5 مېتىر ئىدى.12ئىككى تەرەپتىكى قاراۋۇلخانىلارنىڭ ئالدى تەرىپىنىڭ كىرىپ چىقىش ئېغىزىدىن باشقا يەرلىرى يېرىم مېتىر ئېگىزلىكتىكى پاكار تاملار بىلەن توسۇلغانىدى. قاراۋۇلخانىلارنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكىمۇ 3 مېتىر بولۇپ، تۆت چاسا ئىدى.13ئۇ ئادەم يەنە دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ كەڭلىكىنى تورۇستىن ئۆلچىدى. بىر-بىرىگە قارىشىپ تۇرغان ئىككى قاراۋۇلخانىنىڭ ئارقا تاملىرىدىن باشلاپ ھېسابلىغاندا، كەڭلىكى 12.5 مېتىر ئىدى.14ئۇ ئادەم ئىمارەتنىڭ خانىسىنى ئۆلچىدى، ئۇ 30 مېتىر ئىدى. دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ ئۈچ تەرىپىنى تاشقىرىقى ھويلا ئوراپ تۇراتتى.15دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىن چىقىش ئېغىزىغىچە بولغان كارىدورىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 25 مېتىر ئىدى.16قاراۋۇلخانىلاردا ۋە خانىدا پەنجىرىلەر بار ئىدى. قاراۋۇلخانىلارنى ئايرىپ تۇرىدىغان تاملارغا خورما دەرىخى نەقىشلەنگەنىدى.

تاشقىرىقى ھويلا

17ئۇ ئادەم مېنى تاشقىرىقى ھويلىغا باشلاپ كىردى. تاشقىرىقى ھويلىنىڭ تاملىرىنى بويلاپ، ئوتتۇز ئېغىز ئۆي سېلىنغان بولۇپ، ئۆيلەرنىڭ ئالدىدا تاش ياتقۇزۇلغان يول بار ئىدى.18بۇ يول ۋە تاشقىرىقى ھويلا ئوخشاشلا ئىچكىرىكى ھويلىدىن پەس ئىدى. ھويلا تېمىنىڭ سىرتىدىن تاش ياتقۇزۇلغان يولنىڭ يەنە بىر قىرىغىچە بولغان ئارىلىق دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقىغا تەڭ كېلەتتى.19دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ تاشقىرىقى ھويلىغا چىقىدىغان ئېغىزىنىڭ ئۇدۇلىدا ئىچكىرىكى ھويلىغا كىرىدىغان يەنە بىر دەرۋازا ئىمارىتى بار ئىدى. ئۇ ئادەم بۇ ئىككى دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ ئارىلىقىنى ئۆلچىدى، بۇ ئارىلىق 50 مېتىر ئىدى.

شىمالىي تاشقىرىقى دەرۋازا ئىمارىتى

20ئۇ ئادەم يەنە شىمالىي تاشقىرىقى دەرۋازا ئىمارىتىنى ئۆلچىدى.21بۇ دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ كارىدورىنىڭمۇ ھەر ئىككىلا تەرىپىدە ئۈچتىن قاراۋۇلخانا بار ئىدى. قاراۋۇلخانىلار، ئۇلارنى ئايرىپ تۇرىدىغان تاملار ۋە خانا قاتارلىقلارنىڭ ئۆلچەملىرى شەرقىي دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ ئۆلچەملىرى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئىمارەتنىڭ ئۇزۇنلۇقى 25 مېتىر، كەڭلىكى 12.5 مېتىر ئىدى.22دەرۋازا ئىمارىتىدىكى خانا كارىدورنىڭ ئەڭ ئاخىرىغا جايلاشقان بولۇپ، خانا ۋە ئۇنىڭدىكى پەنجىرىلەر ھەم تاملارغا نەقىشلەنگەن خورما دەرەخلىرىنىڭ ئۆلچەملىرى شەرقىي دەرۋازا ئىمارىتىدىكى خانا ۋە ئۇنىڭدىكى پەنجىرىلەر ھەم ئۇنىڭغا نەقىشلەنگەن خورما دەرەخلىرىنىڭ ئۆلچەملىرى بىلەن ئوخشاش ئىدى. شىمالىي دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ ئالدىدىمۇ يەتتە پەشتاقلىق پەلەمپەي بار ئىدى.23خۇددى شەرقىي تاشقىرىقى دەرۋازا ئىمارىتىگە ئوخشاش شىمالىي دەرۋازا ئىمارىتىگىمۇ ئۇدۇلمۇئۇدۇل كېلىدىغان ئىچكىرىكى ھويلا دەرۋازا ئىمارىتى بار ئىدى. ئۇ ئادەم ئىككى دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ ئارىلىقىنىمۇ ئۆلچىدى، ئارىلىقى 50 مېتىر ئىدى.

جەنۇبىي تاشقىرىقى دەرۋازا ئىمارىتى

24ئاندىن ئۇ ئادەم مېنى تاشقىرىقى ھويلىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىگە باشلاپ باردى، ئۇ يەردىمۇ بىر دەرۋازا ئىمارىتى بار ئىدى. ئۇ ئادەم كارىدورنىڭ ئاخىرىدىكى تاشقىرىقى ھويلا تەرەپتىكى خانىنى ۋە چىقىش ئېغىزىدىكى تامنى ئۆلچىدى. ئۇلارنىڭ ئۆلچىمىمۇ باشقا ئىككى دەرۋازا ئىمارەتلىرىنىڭ ئۆلچىمى بىلەن ئوخشاش ئىدى.25كارىدور ۋە كارىدوردىكى خانىنىڭ پەنجىرىلىرىمۇ باشقا ئىككى دەرۋازا ئىمارەتلىرىدىكى پەنجىرىلەر بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئىمارەتنىڭ ئۇزۇنلۇقى 25 مېتىر، كەڭلىكى 12.5 مېتىر ئىدى.26ئۇنىڭ ئالدىدىمۇ يەتتە پەشتاقلىق پەلەمپەي بار ئىدى. خانا كارىدورنىڭ ئاخىرىغا جايلاشقانىدى. قاراۋۇلخانىلارنى ئايرىپ تۇرىدىغان تاملارغا خورما دەرىخى نەقىشلەنگەنىدى.27بۇ دەرۋازا ئىمارىتىمۇ ئىچكىرىكى ھويلىغا كىرىدىغان دەرۋازا ئىمارىتى بىلەن ئۇدۇلمۇئۇدۇل كېلەتتى. ئىككى دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ ئارىلىقى 50 مېتىر ئىدى.

ئىچكىرىكى ھويلىنىڭ دەرۋازا ئىمارەتلىرى

28ئاندىن ئۇ ئادەم مېنى جەنۇبىي دەرۋازا ئىمارىتى ئارقىلىق ئىچكىرىكى ھويلىغا باشلاپ كىردى ۋە بۇ دەرۋازا ئىمارىتىنىمۇ ئۆلچىدى. بۇ دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ ئۆلچىمىمۇ باشقا دەرۋازا ئىمارەتلىرىنىڭ ئۆلچەملىرى بىلەن ئوخشاش ئىدى.30-29 كارىدوردىكى قاراۋۇلخانىلار، ئۇلارنى ئايرىپ تۇرىدىغان تاملار ۋە خانا قاتارلىقلارنىڭ ئۆلچەملىرىمۇ باشقىلىرىنىڭ ئۆلچەملىرى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، قاراۋۇلخانىلار ۋە خانىدىمۇ باشقىلىرى بىلەن ئوخشاش بولغان پەنجىرىلەر بار ئىدى. ئىمارەتنىڭ ئۇزۇنلۇقى 25 مېتىر، كەڭلىكى 12.5 مېتىر ئىدى.31دەرۋازا ئىمارىتىدىكى خانا كارىدورنىڭ تاشقىرىقى ھويلا تەرىپىدە بولۇپ، قاراۋۇلخانىلارنى ئايرىپ تۇرىدىغان تاملارغا خورما دەرىخى نەقىشلەنگەنىدى. دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ ئالدىدا سەككىز پەشتاقلىق پەلەمپەي بار ئىدى.
32ئاندىن ئۇ ئادەم مېنى ئىچكىرىكى ھويلا ئارقىلىق شەرقىي دەرۋازا ئىمارىتىگە باشلاپ كىردى. ئۇ شەرقىي دەرۋازا ئىمارىتىنى ئۆلچىدى، ئۇنىڭ ئۆلچىمىمۇ باشقا دەرۋازا ئىمارەتلىرىنىڭ ئۆلچىمى بىلەن ئوخشاش ئىدى.33كارىدوردىكى قاراۋۇلخانىلار، ئۇلارنى ئايرىپ تۇرىدىغان تاملار ۋە خانا قاتارلىقلارنىڭ ئۆلچەملىرىمۇ باشقىلىرىنىڭ ئۆلچەملىرى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، قاراۋۇلخانىلار ۋە خانىدىمۇ باشقىلىرى بىلەن ئوخشاش بولغان پەنجىرىلەر بار ئىدى. ئىمارەتنىڭ ئۇزۇنلۇقى 25 مېتىر، كەڭلىكى 12.5 مېتىر ئىدى.34دەرۋازا ئىمارىتىدىكى خانا كارىدورنىڭ تاشقىرىقى ھويلا تەرىپىدە بولۇپ، قاراۋۇلخانىلارنى ئايرىپ تۇرىدىغان تاملارغا خورما دەرىخى نەقىشلەنگەنىدى. دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ ئالدىدا سەككىز پەشتاقلىق پەلەمپەي بار ئىدى.
35ئۇ ئادەم مېنى يەنە شىمالىي دەرۋازا ئىمارىتىگە باشلاپ باردى ۋە ئۇنى ئۆلچىدى. ئۇنىڭ ئۆلچىمىمۇ باشقا دەرۋازا ئىمارەتلىرىنىڭ ئۆلچىمى بىلەن ئوخشاش ئىدى.36قاراۋۇلخانىلار، ئۇلارنى ئايرىپ تۇرىدىغان تاملار ۋە كارىدوردىكى خانا قاتارلىقلارنىڭ ئۆلچەملىرىمۇ باشقىلىرىنىڭ ئۆلچەملىرى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، قاراۋۇلخانىلار ۋە خانىدىمۇ پەنجىرىلەر بار ئىدى. ئىمارەتنىڭ ئۇزۇنلۇقى 25 مېتىر، كەڭلىكى 12.5 مېتىر ئىدى.37دەرۋازا ئىمارىتىدىكى خانا كارىدورنىڭ تاشقىرىقى ھويلا تەرىپىدە بولۇپ، قاراۋۇلخانىلارنى ئايرىپ تۇرىدىغان تاملارغا خورما دەرىخى نەقىشلەنگەنىدى. دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ ئالدىدا سەككىز پەشتاقلىق پەلەمپەي بار ئىدى.

قۇربانلىقلارنى پاكىزلاش ئۆيى

38ئىچكىرىكى ھويلىغا كىرىدىغان شىمالىي دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ يان تەرىپىدە بىر ئېغىز ئۆي بار بولۇپ، ئۇ ئۆيگە تاشقىرىقى ھويلىدىن كىرگىلى بولاتتى. كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار مۇشۇ ئۆيدە پاكىزلىناتتى.39ئىچكىرىكى ھويلىغا كىرىدىغان شىمالىي دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى خانىنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئىككىدىن تۆت ئۈستەل بار ئىدى. بۇ ئۈستەللەردە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقلىرى ۋە ئەيىب قۇربانلىقلىرى بوغۇزلىناتتى.40مۇشۇ ئىمارەتنىڭ ئالدىدىكى پەلەمپەينىڭ ئىككى تەرىپىدىمۇ ئىككىدىن جەمئىي تۆت ئۈستەل بار ئىدى.41دېمەك، شىمالىي دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ ئىچى ۋە تېشىدا تۆتتىن جەمئىي سەككىز ئۈستەل بار بولۇپ، بۇلار قۇربانلىقلار بوغۇزلانغاندا ئىشلىتىلەتتى.42كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان تۆت ئۈستەل تاشتىن يونۇپ ياسالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كەڭلىكى ۋە ئۇزۇنلۇقى ئوخشاشلا 75 سانتىمېتىر، ئېگىزلىكى 50 سانتىمېتىر بولۇپ، ئۇلارغا كۆيدۈرمە ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى سويۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان سايمانلارمۇ قويۇلاتتى.43قالغان تۆتىگە قۇربانلىق گۆشلەر قويۇلاتتى. خانىنىڭ تاملىرىغا 8 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى قوش ئىلمەكلەر قېقىلغانىدى.

روھانىيلارنىڭ ئۆيلىرى

44ئىچكىرىكى ھويلىغا كىرىدىغان جەنۇبىي ۋە شىمالىي دەرۋازا ئىمارەتلىرىنىڭ يانلىرىدا بىردىن ئۆي بولۇپ، شىمالىي دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ يېنىدىكى ئۆينىڭ ئالدى جەنۇبقا، جەنۇبىي دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ يېنىدىكى ئۆينىڭ ئالدى شىمالغا قارايتتى.45ئۇ ئادەم ماڭا:
_ ئالدى جەنۇبقا قارايدىغان ئۆي ئىبادەتخانىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان روھانىيلار ئۈچۈن،
46ئالدى شىمالغا قارايدىغان ئۆي قۇربانلىق سۇپىسىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان روھانىيلار ئۈچۈن سېلىنغاندۇر. بۇ روھانىيلار زادوقنىڭ ئەۋلادلىرىدىندۇر. لاۋىيلاردىن پەقەت زادوقنىڭ ئەۋلادلىرىلا پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا روھانىيلىق خىزمىتىنى قىلىشقا لايىقتۇر، _ دېدى.

ئىچكىرىكى ھويلا ۋە ئىبادەتخانا

47ئۇ ئادەم ئىچكىرىكى ھويلىنى ئۆلچىدى. ھويلا تۆت چاسا بولۇپ، ھەربىر تەرىپى 50 مېتىردىن ئىدى. ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىدا قۇربانلىق سۇپىسى بار ئىدى.
49-48 ئۇ ئادەم مېنى ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىغا باشلاپ باردى. ئىبادەتخانىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ ئالدىدا ئون پەشتاقلىق پەلەمپەي ۋە كىرىش ئېغىزىنىڭ ئىككى تەرىپىدە بىردىن تۈۋرۈك بار ئىدى. ئۇ ئادەم كىرىش ئېغىزىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تامنى ئۆلچىدى. بۇ تاملارنىڭ قېلىنلىقى 5‏.2 مېتىر، كىرىش ئېغىزىنىڭ كەڭلىكى 7 مېتىر، ئىككى تەرەپتىكى تاملارنىڭ كەڭلىكى 1.5 مېتىردىن ئىدى. دېمەك، تاشقىرىقى خانىنىڭ كەڭلىكى جەمئىي 10 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 6 مېتىر ئىدى.


*40: 1مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 573-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.


 

41

1ئاندىن ئۇ ئادەم مېنى ئاساسىي خانىغا باشلاپ كىردى ۋە تاشقىرىقى خانا بىلەن ئاساسىي خانىنى ئايرىپ تۇرىدىغان تامنى، يەنى ئىشىكنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تاملارنى ئۆلچىدى، تامنىڭ قېلىنلىقى 3 مېتىر ئىدى.2ئىشىكنىڭ كەڭلىكى 5 مېتىر، ئىككى تەرىپىدىكى تاملارنىڭ كەڭلىكلىرى 2.5 مېتىردىن ئىدى. ئۇ ئادەم ئاساسىي خانىنىمۇ ئۆلچىدى. خانىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 20 مېتىر، كەڭلىكى 10 مېتىر ئىدى.3ئاندىن ئۇ ئادەم ئىچكىرىكى خانىنىڭ ئىشىكىگە كېلىپ، ئىككى تەرىپىدىكى تاملارنى ئۆلچىدى. تامنىڭ قېلىنلىقى 1 مېتىر ئىدى. ئىشىكنىڭ كەڭلىكى 3 مېتىر، ئىككى تەرىپىدىكى تاملارنىڭ كەڭلىكلىرى 3.5 مېتىردىن ئىدى.4ئۇ يەنە ئىچكىرىكى خانىنىمۇ ئۆلچىدى. ئىچكىرىكى خانىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكىمۇ 10 مېتىردىن ئىدى. ئۇ ماڭا:
_ بۇ ئەڭ مۇقەددەس خانىدۇر، _ دېدى.

5ئاندىن ئۇ سىرتقا چىقىپ، ئىبادەتخانىنىڭ سىرتقى تاملىرىنى ئۆلچىدى، تاملارنىڭ ئاستىنقى قىسمىنىڭ قېلىنلىقى 3 مېتىر ئىدى. ئىبادەتخانىنىڭ ئۈچ ئەتراپىدا تاملارغا يانداشتۇرۇپ سېلىنغان يان خانىلار بار ئىدى. پەستىكى خانىلارنىڭ كەڭلىكى 2 مېتىردىن بولۇپ،6بۇ يان خانىلار ئۈچ قەۋەت قىلىپ سېلىنغانىدى. ھەربىر قەۋىتىدە ئوتتۇز خانا بار ئىدى. ئىبادەتخانىنىڭ تېمىنىڭ سىرتقى قىسمى ئۈچ بالداق شەكلىدە ياسالغان بولۇپ، بۇ بالداقلار خانىلارنىڭ ئۆگزە لىملىرىنى قويىدىغانغا يۆلەك بولغانىدى. شۇڭا يان خانىلارنىڭ ئۆگزە لىملىرىنى ئىبادەتخانا تاملىرىغا كىردۈرۈشكە ھاجەت بولمىغانىدى.7‏ بۇ يان خانىلار ئۈستۈنكى قەۋىتىگە چىققانچە كېڭىيىپ باراتتى، چۈنكى ئىبادەتخانىنىڭ تېمىنىڭ ئاستى قېلىن بولۇپ، ئۈستىگە چىققانچە تارىيىپ باراتتى. پەلەمپەي ئارقىلىق ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى قەۋىتىگە چىققىلى بولاتتى.8‏ ئىبادەتخانا ۋە يان خانىلارنىڭ 3 مېتىر ئېگىزلىكتىكى سۇپىنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقىنى كۆردۈم.10-9 يان خانىلارنىڭ سىرتقى تېمىنىڭ قېلىنلىقى 2.5 مېتىر ئىدى. ئىبادەتخانا بىلەن ئىككى تەرىپىدىكى خانىلارنىڭ ئارىلىقىدا ئايرىم-ئايرىم ھالدا كەڭلىكى 10 مېتىردىن بولغان بوش يەر بار ئىدى. ئىبادەتخانىنىڭ ئارقىسىدىمۇ كەڭلىكى 10 مېتىر بولغان بوش يەر بار ئىدى.11ئىبادەتخانىغا يانداشتۇرۇپ سېلىنغان يان خانىلارغا كىرىدىغان ئىككى ئىشىك بولۇپ، بىرى شىمالدا، يەنە بىرى جەنۇبتا ئىدى. سۇپا ئىبادەتخانا ۋە يان خانىلاردىن 2.5 مېتىر كەڭلىكتە چىقىپ تۇراتتى.

غەرب تەرەپتىكى ئىمارەت

12ئىبادەتخانىنىڭ غەربىي تەرىپىدە، يەنى ئارقىسىدىكى بوش يەردىن كېيىن چوڭ بىر ئىمارەت بار ئىدى. ئىمارەتنىڭ ئىچىنىڭ كەڭلىكى 35 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 45 مېتىر، تېمىنىڭ قېلىنلىقى 2.5 مېتىر ئىدى.

ئىبادەتخانا سىرتىنىڭ ئۆلچەملىرى

13ئاندىن ئۇ كىشى ئىبادەتخانىنى سىرتىدىن ئۆلچىدى، ئۇزۇنلۇقى 50 مېتىر ئىدى. ئىبادەتخانىنىڭ كەينى تېمىدىن غەربىي ئىمارەتنىڭ ئاخىرقى تېمىغىچە بولغان ئارىلىق 50 مېتىر ئىدى.14ئىبادەتخانىنىڭ شەرق تەرىپىنىڭ كەڭلىكى ئىككى يان تەرىپىدىكى بوش يەرنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا 50 مېتىر ئىدى.
15ئۇ كىشى ئىبادەتخانىنىڭ كەينىدىكى بوش يەردىن كېيىن ياسالغان ئىمارەتنى ئىككى تەرىپىدىكى پېشايۋان بىلەن قوشۇپ ئۆلچىدى، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 50 مېتىر ئىدى.

ئىبادەتخانا ئىچىنىڭ تەسۋىرى

ئىبادەتخانىنىڭ تاشقىرىقى، ئاساسىي ۋە ئىچكىرىكى خانىلىرىنىڭ
16تاملىرى يەردىن پەنجىرىلىرىگىچە بولغان ئارىلىقى تاختاي بىلەن قاپلانغان بولۇپ، تاملارنىڭ ئوتتۇرىسىغا گىرۋەك چىقىرىلغانىدى، پەنجىرىلەرنى ئېچىپ ياپقىلى بولاتتى.
17ئىبادەتخانىنىڭ ئاساسىي ۋە ئىچكىرىكى خانىلىرىنىڭ تاملىرىغا شۇنداقلا ئاساسىي خانىنىڭ ئىشىكىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە18كېرۇب ۋە خورما دەرەخلىرىنىڭ شەكىللىرى بىر كېرۇب، بىر خورما دەرىخى شەكلىدە ئۆلچەملىك ھالدا نەقىشلەنگەنىدى. كېرۇبلار ئىككى يۈزلۈك بولۇپ،19بىر يۈزى ئادەمنىڭكىگە، يەنە بىر يۈزى شىرنىڭكىگە ئوخشايتتى. ئۇلار ئىككى تەرىپىدىكى خورما دەرەخلىرىگە قارىشىپ تۇراتتى. ئىبادەتخانىدىكى تاملارنىڭ ھەممىسى20يەردىن ئىشىكنىڭ ئۈستىگىچە دەل مۇشۇنداق شەكىلدە ئىدى.
21ئاساسىي خانىنىڭ ئىشىكىنىڭ كېشىكى تۆت چاسا ئىدى. ئاساسىي خانىدىن ئەڭ مۇقەددەس خانىغا كىرىدىغان ئىشىكنىڭ ئالدىدا22قۇربانلىق سۇپىسىغا ئوخشايدىغان بىر نەرسە بار ئىدى. ئۇنىڭ ئېگىزلىكى 1.5 مېتىر، كەڭلىكى ۋە ئۇزۇنلۇقى بىر مېتىر بولۇپ، تۆت بۇرجىكى، ئاستى ۋە تۆت ئەتراپى ياغاچتىن ياسالغانىدى. ئۇ ئادەم ماڭا:
_ بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىكى ئۈستەلدۇر، _ دېدى.

23ئاساسىي خانا ۋە ئەڭ مۇقەددەس خانىغا قوش قاناتلىق ئىشىكلەر ئورنىتىلغان بولۇپ،24ئىشىكلەرنىڭ ھەربىر قانىتى قاتلىنىدىغان ئىككى بۆلەكتىن تەركىب تاپقانىدى.25ئۇلارغىمۇ كېرۇب ۋە خورما دەرىخى نەقىشلەنگەنىدى. تاشقىرىقى خانىنىڭ كىرىش ئېغىزى ياغاچ پېشايۋانلىق ئىدى.26تاشقىرىقى خانىنىڭ يان تاملىرىدا پەنجىرىلەر بار بولۇپ، بۇ تاملارغىمۇ خورما دەرىخى نەقىشلەنگەنىدى. يان خانىلارنىڭ ئىككى تەرەپتىكى كىرىش ئىشىكلىرىنىڭ ئايۋانلىرى بار ئىدى.

 

42

روھانىيلارغا تەۋە ئىمارەتلەر

1ئاندىن ئۇ ئادەم مېنى ئىبادەتخانىدىن ئېلىپ چىقىپ، شىمالىي دەرۋازا ئىمارىتى ئارقىلىق تاشقىرىقى ھويلىغا ئېلىپ كەلدى. ئۇ يەردە خانىلارغا بۆلۈنگەن بىر ئىمارەت بولۇپ، بۇ ئىمارەت ئىبادەتخانىنىڭ غەربىدىكى ئىمارەتنىڭ شىمالىغا جايلاشقانىدى.2بۇ ئىمارەتنىڭ ئۇزۇنلۇقى 50 مېتىر، كەڭلىكى 25 مېتىر بولۇپ، خانىلارنىڭ ئىشىكلىرى شىمالغا قارايتتى.3بۇ ئىمارەتنىڭ ئالدى تەرىپى تاشقىرىقى ھويلىدىكى تاش ياتقۇزۇلغان يولغا قارايتتى. ئىمارەتنىڭ كەينى تەرىپى ئىبادەتخانىنىڭ ئارقىسىدىكى كەڭلىكى 10 مېتىر كېلىدىغان بوش يەرگە قارايتتى. بۇ ئىمارەت ئۈچ قەۋەت سېلىنغانىدى.4ئىمارەتنىڭ ئالدىدا كەڭلىكى 5 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 50 مېتىر كېلىدىغان بىر يول بار ئىدى. خانىلارنىڭ ئىشىكلىرى شىمالغا قارايتتى.5ئىمارەتنىڭ ئۈچىنچى قەۋىتىدىكى خانىلار ئىككىنچى قەۋىتىدىكى خانىلارغا، ئىككىنچى قەۋىتىدىكى خانىلار بىرىنچى قەۋىتىدىكى خانىلارغا قارىغاندا تارراق بولۇپ، پەلەمپەي شەكلىدە سېلىنغانىدى، چۈنكى ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى قەۋىتىدىكى خانىلارنىڭ ئالدىغا كەڭرىرەك بوشلۇق قالدۇرۇلغانىدى.6بۇ ئىمارەت ھويلىلاردىكى باشقا ئۆيلەردەك تۈۋرۈكلۈك ئەمەس ئىدى. خانىلار يۇقىرى قەۋەتكە چىققانچە تارىيىپ باراتتى.8-7 ئىمارەتنىڭ شىمالىدا، يەنى تاشقىرىقى ھويلا تەرەپتە يەنە بىر ئۆي بار ئىدى. بۇ ئۆينىڭ ئۇزۇنلۇقى 25 مېتىر بولۇپ، ئىمارەتنىڭ ئۇزۇنلۇقىنىڭ يېرىمىغا توغرا كېلەتتى. ئۆينىڭ جەنۇبىي يان تېمىغا تۇتاشتۇرۇلۇپ بىر تام قوپۇرۇلغان بولۇپ، بۇ تام ئىمارەتكە پاراللېل كېلەتتى. تامنىڭ ئۇزۇنلۇقى 25 مېتىر ئىدى.9ئىمارەتكە تاشقىرىقى ھويلىدىن ئىمارەت بىلەن تامنىڭ ئارىلىقىدىكى يولنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى ئېغىز ئارقىلىق كىرگىلى بولاتتى.
10ئىبادەتخانىنىڭ غەربىدىكى ئىمارەتنىڭ جەنۇبىدا، يەنى تاشقىرىقى ھويلا تەرەپتە شىمالدىكى ئىمارەت بىلەن ئوخشاش يەنە بىر ئىمارەت بار ئىدى.11بۇ ئىمارەتنىڭ ئالدىدىمۇ ئوخشاشلا بىر يول بار ئىدى. ئىمارەتتىكى خانىلار بىلەن شىمالدىكى ئىمارەتنىڭ خانىلىرىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، ئىشىكلىرى، قۇرۇلمىسى ئوخشاش ئىدى.12خانىلارنىڭ ئىشىكلىرى جەنۇبقا قارايتتى، ئىمارەتكە ئىمارەت بىلەن تامنىڭ ئارىلىقىدىكى يولنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى ئېغىز ئارقىلىق كىرگىلى بولاتتى.
13ئۇ ئادەم ماڭا مۇنداق دېدى:
_ ئىبادەتخانىنىڭ شىمال ۋە جەنۇبىدىكى ئىمارەتلەردىكى خانىلار مۇقەددەس بولۇپ، ئۇ يەرلەردە ئىبادەتخانىدا خىزمەت قىلىدىغان روھانىيلار ئەڭ مۇقەددەس قۇربانلىقلارنى، يەنى ئاشلىق ھەدىيەلىرى، گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقلىرى، ئەيىب قۇربانلىقلىرى قاتارلىق ئەڭ مۇقەددەس قۇربانلىقلارنى يەيدۇ ۋە ساقلايدۇ. چۈنكى بۇ خانىلار مۇقەددەستۇر.
14روھانىيلار ئىبادەتخانىغا كىرىپ، ۋەزىپىسىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، تاشقىرىقى ھويلىدىكى خەلقنىڭ ئالدىغا ئۈستىدىكى كىيىمى بىلەن چىقماستىن، بەلكى ئالدى بىلەن ئاشۇ خانىلاردا كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ، ئادەتتىكى چاغلاردا كىيىدىغان كىيىملىرىنى كىيىپ چىقىدۇ، چۈنكى بۇ كىيىملەرمۇ مۇقەددەستۇر.

ئىبادەتخانىنىڭ تاشقىرىقى ھويلىسىنىڭ تېمى

15ئۇ ئادەم ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىسىدىكى ئىمارەتلەرنى ئۆلچەپ بولغاندىن كېيىن، تاشقىرىقى شەرقىي دەرۋازا ئىمارىتى ئارقىلىق مېنى سىرتقا ئېلىپ چىقتى ۋە ھويلا تېمىنى ئۆلچىدى.16ئۇ ئاۋۋال ئۆلچەم تايىقى بىلەن شەرق تەرەپتىكى تامنى ئۆلچىدى، تامنىڭ ئۇزۇنلۇقى 250 مېتىر ئىدى.17ئۇ شىمال تەرەپتىكى تامنىمۇ ئۆلچىدى، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ 250 مېتىر ئىدى.18ئۇ يەنە جەنۇب تەرەپتىكى تامنىمۇ ئۆلچىدى، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ 250 مېتىر ئىدى.19ئاندىن ئۇ بۇرۇلۇپ، غەرب تەرەپتىكى تامنى ئۆلچىدى، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ 250 مېتىر ئىدى.20دېمەك، تۆت تەرەپنىڭ ئۇزۇنلۇقى 250 مېتىردىن ئىدى. بۇ تاملار ئىبادەتخانا رايونى بىلەن ئادەتتىكى رايونلارنى ئايرىپ تۇراتتى.

 

43

پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىغا قايتىپ كېلىشى

1كېيىن ئۇ ئادەم مېنى تاشقىرىقى شەرقىي دەرۋازا ئىمارىتىگە ئەكەلدى.2قارىسام، ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ پارلاق نۇرى شەرقتىن كېلىۋېتىپتۇ. ئۇنىڭدىن دېڭىز شاۋقۇنىدەك كۈچلۈك ئاۋاز چىقاتتى. زېمىنمۇ خۇدانىڭ پارلاق نۇرىدىن جۇلالانغانىدى.3مەن كۆرگەن بۇ غايىبانە ئالامەت خۇدا يېرۇسالېمنى ۋەيران قىلماقچى بولغان چاغدا كۆرگەن ئالامەتكە ۋە كىبار قانىلى بويىدا كۆرگەن ئالامەتكە ئوخشايتتى. مەن دەرھال ئۆزۈمنى يەرگە تاشلىدىم.4پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى شەرقىي دەرۋازا ئىمارىتى ئارقىلىق ئىبادەتخانىغا كىردى.5ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ روھى مېنى كۆتۈرۈپ، ئىچكىرىكى ھويلىغا ئېلىپ كىردى. ئىبادەتخانا پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرىغا تولغانىدى.
6ئۇ ئادەم مېنىڭ يېنىمدا تۇراتتى. ئىبادەتخانا ئىچىدىن پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا سۆزلىگەنلىكىنى ئاڭلىدىم.7ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى:
_ ئەي ئادەم بالىسى، مېنىڭ تەختىم بۇ يەردىدۇر، بۇ يەر مېنىڭ پۇت قويىدىغان يېرىمدۇر. مەن بۇ يەردە ئىسرائىللار ئارىسىدا مەڭگۈ ياشايمەن. ئىسرائىل خەلقى ۋە ئىسرائىل پادىشاھلىرى بۇنىڭدىن كېيىن ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، ئۆلۈپ كەتكەن پادىشاھلىرىنىڭ قەبرىلىرىگە تاۋاپ قىلىپ، مۇقەددەس نامىمنى بۇلغىمايدۇ.
8ئۇلار ئەمدى ئىبادەتخانامغا يانداشتۇرۇپ بۇتخانا سېلىپ، بۇتخانىسىنىڭ بوسۇغا ۋە دەرۋازىلىرى بىلەن مېنىڭ ئىبادەتخانامنىڭ بوسۇغا ۋە دەرۋازىلىرىنى قىستىمايدۇ. ئەسلى ئىبادەتخانام بىلەن ئۇلارنىڭ بۇتخانىسىنى بىرلا تام ئايرىپ تۇراتتى. ئۇلار مەن يىرگىنچلىك دەپ قارىغان، مۇقەددەس نامىمنى بۇلغايدىغان ئىشلارنى قىلغانلىقى ئۈچۈن، غەزىپىم كېلىپ، ئۇلارنى يوقاتتىم.9ئۇلار ئەمدى بۇتقا چوقۇنمىسۇن، ئۆلۈپ كەتكەن پادىشاھلىرىنىڭ قەبرىلىرىنى تاۋاپ قىلمىسۇن. شۇندىلا مەن مەڭگۈ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشايمەن.
10ئەي ئادەم بالىسى، ئىسرائىل خەلقىگە ساڭا كۆرسىتىلگەن ئىبادەتخانىنى تەسۋىرلەپ بەرگىن. ئۇلار ئىبادەتخانىنىڭ مۇكەممەل لايىھەسى ھەققىدە ئويلانسۇن ۋە ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىدىن نومۇس ھېس قىلسۇن.11ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بارلىق گۇناھلىرىدىن نومۇس ھېس قىلغاندا، ئۇلارغا سەن ئىبادەتخانىنىڭ لايىھەسى، قۇرۇلمىسى، دەرۋازا ئىمارەتلىرى ۋە نەقىشلىرىدىن تارتىپ، ئىبادەتخانىغا مۇناسىۋەتلىك قائىدە-تۈزۈملەرگىچە سۆزلەپ بەرگىن ھەمدە بۇلارنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا پۈتۈپ قويغىن، ئۇلار لايىھەنى چۈشەنسۇن، قائىدىگە رىئايە قىلسۇن.
12تاغ ئۈستىدىكى ئىبادەتخانا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى پۈتۈن يەرلەرنى ئەڭ مۇقەددەس يەر دەپ قاراڭلار. ئىبادەتخانىغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ مۇھىم بەلگىلىمە مۇشۇدۇر.

قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ پەرۋەردىگارغا بېغىشلىنىشى

13پەرۋەردىگار سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ماڭا يەنە مۇنداق دېدى:
_ تۆۋەندىكىلەر قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئۆلچەملىرىدۇر. قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئاستىنقى بۆلىكىنىڭ تۆت ئەتراپىدا چوڭقۇرلۇقى ۋە كەڭلىكىمۇ يېرىم مېتىردىن كېلىدىغان ئېرىق بولسۇن، ئېرىقنىڭ سىرتقى تەرىپىگە 25 سانتىمېتىر ئېگىزلىكتە قىر چىقىرىلسۇن.

قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئېگىزلىكى مۇنداق بولسۇن:
14‏ ئېرىق قىرىدىن باشلاپ ئۆلچىگەندە قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئاستىنقى بۆلىكىنىڭ ئېگىزلىكى بىر مېتىر بولسۇن. ئوتتۇرىدىكى بۆلىكى ئاستىنقى بۆلىكىدىن يېرىم مېتىر ئىچىگە تارتىپ ياسالسۇن، ئېگىزلىكى 2 مېتىر، كەڭلىكى ۋە ئۇزۇنلۇقى ئوخشاشلا 7 مېتىردىن بولسۇن.15ئۈستۈنكى بۆلىكىنىڭ ئېگىزلىكى 2 مېتىر، تۆت بۇرجىكىدە بۆرتۈپ چىققان شەكىللەر بولسۇن.16ئۈستۈنكى بۆلىكىنىڭ كەڭلىكى ۋە ئۇزۇنلۇقىمۇ ئوخشاشلا 6 مېتىردىن بولسۇن.17ئوتتۇرىدىكى بۆلىكىنىڭ تۆت ئەتراپىنىڭ گىرۋىكىگە يېرىم مېتىر كەڭلىكتە ئېرىق ياسالسۇن، ئېرىقنىڭ سىرتقى تەرىپىگە 25 سانتىمېتىر ئېگىزلىكتە قىر چىقىرىلسۇن. قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدە پەلەمپەي بولسۇن.
18پەرۋەردىگار سۆزىنى داۋام قىلىپ، مۇنداق دېدى:
_ ئەي ئادەم بالىسى، مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: «قۇربانلىق سۇپىسى پۈتكەندىن كېيىن، كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىش ۋە قان چېچىشقا ئائىت قائىدىلەر مۇنداق بولىدۇ.
19ھۇزۇرۇمدا مېنىڭ خىزمىتىمنى قىلىدىغان لاۋىيلاردىن بولغان روھانىي زادوق ئەۋلادلىرىغا گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر بۇقا بەرگىن.20ئاندىن بۇقىنىڭ قېنىدىن ئازراق ئېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بۆرتۈپ چىققان تۆت بۇرجىكىگە، ئوتتۇرىدىكى بۆلىكىنىڭ تۆت بۇرجىكىگە ۋە قىرىغا سۈركەپ قويغىن. شۇنداق قىلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنى ھەممە ناپاكلىقلاردىن پاكلىغىن.21گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن ئېلىپ كېلىنگەن بۇقا ئىبادەتخانا ھويلىلىرىنىڭ سىرتىدىكى بەلگىلەنگەن ئورۇندا كۆيدۈرۈلسۇن.
22ئىككىنچى كۈنى بېجىرىم بولغان بىر تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن سۇنغىن. ئاندىن قۇربانلىق سۇپىسىنى بۇقىنىڭ قېنى بىلەن قانداق پاكلىغان بولساڭلار، تېكىنىڭ قېنى بىلەن شۇنداق پاكلاڭلار.23قۇربانلىق سۇپىسىنى پاكلاپ بولغاندىن كېيىن، بېجىرىم بولغان بىر تۇياق بۇقا ۋە قوچقارنى24ھۇزۇرۇمغا كەلتۈرگىن. روھانىي سويۇلغان قۇربانلىقنىڭ ئۈستىگە تۇز سېپىپ، ماڭا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە كۆيدۈرسۇن.25ئۇدا يەتتە كۈن، ھەر كۈنى بىر تۇياق تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلغىن. بۇنىڭدىن سىرت، ھەر كۈنى بىر تۇياق بۇقا، بىر تۇياق قوچقارنى قۇربانلىق ئۈچۈن كەلتۈر، ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن.26بۇ يەتتە كۈندە روھانىيلار قۇربانلىق سۇپىسىنى ھەممە ناپاكلىقلاردىن پاكلاپ، مەن پەرۋەردىگارغا بېغىشلىسۇن.27يەتتە كۈندىن كېيىن، يەنى سەككىزىنچى كۈنىدىن باشلاپ روھانىيلار قۇربانلىق سۇپىسىدا خەلقنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇنسا بولىدۇ. شۇندىلا مەن سىلەرنى قوبۇل قىلىمەن. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»

 

44

شەرقىي دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ كىرىپ چىقىشقا چەكلىنىشى

1ئۇ ئادەم مېنى ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكىرىكى ھويلىسىدىن تاشقىرىقى ھويلىدىكى شەرقىي دەرۋازا ئىمارىتىگە قايتۇرۇپ ئەكەلدى. دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ كىرىش ئىشىكى تاقاق ئىدى.
2پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
_ بۇ ئىشىك دائىم تاقاق تۇرسۇن، ھېچكىم ئاچمىسۇن، ھېچكىم ئۇ يەردىن كىرمىسۇن. چۈنكى بۇ ئىشىكتىن مەن پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا كىرگەندۇرمەن. بۇ ئىشىك تاقاق تۇرسۇن.
3ئەمما پەقەت پادىشاھلا بۇ دەرۋازا ئىمارىتىدىكى خانىدا ئولتۇرۇپ، مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا مۇقەددەس تائاملاردىن يېسە بولىدۇ. پادىشاھ بۇ خانىغا باشقا دەرۋازا ئىمارىتى ئارقىلىق تاشقىرىقى ھويلا بىلەن كىرسۇن ۋە شۇ يەر بىلەن چىقىپ كەتسۇن.

روھانىيلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشنىڭ شەرتلىرى

4ئاندىن ئۇ ئادەم مېنى قايتىدىن ئىچكىرىكى شىمالىي دەرۋازا ئىمارىتى ئارقىلىق ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. قارىسام، ئىبادەتخانا پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرىغا تولۇپتۇ. مەن ئۆزۈمنى يەرگە تاشلىدىم.5پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
_ ئەي ئادەم بالىسى، مېنىڭ ئىبادەتخانىغا مۇناسىۋەتلىك قائىدە-تۈزۈملەر ھەققىدە ئېيتقان سۆزلىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلا. مۇقەددەس ئىبادەتخانىغا قانداق كىشىلەرنىڭ كىرسە بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىغا دىققەت قىل.
6ئاندىن ئاشۇ ئاسىي ئىسرائىل خەلقىگە ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئەي ئىسرائىل خەلقى، ئەمدى يىرگىنچلىك قىلمىشىڭلارنى توختىتىڭلار!7سىلەر تائام ھەدىيەلىرى، قۇربانلىقلارنىڭ مايلىرى ۋە قانلىرىنى سۇنغان ۋاقتىڭلاردا، خەتنە قىلىنمىغان تەكەببۇر يات خەلقلەرنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانامغا كىرىشىگە يول قويۇپ، ئىبادەتخانامنى بۇلغىدىڭلار ۋە يىرگىنچلىك قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ، سىلەر بىلەن تۈزگەن ئەھدەمگە خىلاپلىق قىلدىڭلار.8ئۇنىڭ ئۈستىگە سىلەر مۇقەددەس نەرسىلىرىمگە ئائىت تەلەپلىرىمنى بېجىرمەستىن، ئەكسىچە مېنىڭ ئىبادەتخانامدىكى خىزمەتلەرنى يات خەلقلەرگە بېرىۋەتتىڭلار.»
9مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار ساڭا يەنە مۇنداق دەيمەنكى، ئىسرائىللار ئارىسىدا ياشايدىغان خەتنە قىلىنمىغان تەكەببۇر يات خەلقلەر مېنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانامغا كىرمىسۇن.10ئىسرائىللار مەندىن يۈز ئۆرۈپ بۇتقا تېۋىنغان ۋاقىتلاردا، لاۋىيلار مەندىن يىراقلاشتى. شۇڭا ئۇلار ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ.11ئۇلار ئىبادەتخانامدا دەرۋازىۋەنلىك، جامائەت ئۈچۈن كۆيدۈرمە ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى بوغۇزلاش قاتارلىق ھەر خىل يۈگۈر-يېتىم خىزمەتلەرنى قىلسا بولىدۇ.12لېكىن ئۇلار بۇتقا چوقۇنغان ئىسرائىللارنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ، ئۇلارنى گۇناھقا پاتۇرغانلىقى ئۈچۈن، مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار شۇنداق قەسەم قىلىمەنكى، ئۇلار ئۆتكۈزگەن گۇناھىنىڭ جازاسىنى چوقۇم تارتىدۇ.13ئۇلارنىڭ مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا يېقىنلىشىپ، روھانىيلىق خىزمىتىنى قىلىشىغا ۋە مۇقەددەس نەرسىلىرىمگە ياكى ئەڭ مۇقەددەس قۇربانلىقلارغا قول تەگكۈزۈشىگە يول قويمايمەن. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قىلغان يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىدىن نومۇس قىلسۇن.14لېكىن مەن يەنىلا ئۇلارنى ئىبادەتخانامنى قوغداش ۋە ئىبادەتخانامدىكى ھەر خىل يۈگۈر-يېتىم ئىشلارنى قىلىشقا قويىمەن.

روھانىيلارغا ئائىت بەلگىلىمىلەر

15ئىگىمىز پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
_ ئىسرائىللار مەندىن يۈز ئۆرۈگەن ۋاقىتلاردا، لاۋىيلارنىڭ زادوق نەسلىدىن بولغان روھانىيلارنىڭ ئەۋلادلىرى يەنىلا ئىبادەتخانامدىكى ۋەزىپىلىرىنى ساداقەت بىلەن ئادا قىلىپ كەلدى. شۇڭا ئۇلار مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا خىزمىتىمنى قىلىپ، قۇربانلىقلارنىڭ مېيى ۋە قانلىرىنى ماڭا سۇنسا بولىدۇ.
16پەقەت ئۇلارلا مېنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانامغا كىرىپ، ئۇ يەردىكى ئۈستەلنىڭ يېنىدا خىزمىتىمنى قىلسا ۋە ۋەزىپە ئۆتىسە بولىدۇ.
17ئۇلار ئىچكىرىكى ھويلىغا كىرگەندە، زىغىر رەختتىن تىكىلگەن كىيىم كىيسۇن. ئىچكىرىكى ھويلىنىڭ دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ ئىچىدە ۋە ئىبادەتخانامدا خىزمىتىمنى قىلغاندا، قوي يۇڭىدا توقۇلغان كىيىم كىيمىسۇن.18بېشىغا زىغىر رەختتىن قىلىنغان سەللە يۆگىسۇن، زىغىر رەختتىن قىلىنغان تامبال كىيسۇن، ئادەمنى ئاسان تەرلىتىدىغان كىيىم كىيمىسۇن.19ئۇلار تاشقىرىقى ھويلىدىكى خەلقنىڭ ئالدىغا چىقىشتىن بۇرۇن، خىزمىتىمنى قىلغان چاغدا كىيگەن كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ، مۇقەددەس خانىلارغا قويۇپ قويسۇن ۋە ئۈستىگە ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا كىيىدىغان كىيىمىنى كىيسۇن. بۇ مۇقەددەس كىيىمنىڭ تاشقىرىقى ھويلىغا ئېلىپ چىقىلماسلىقى ۋە خەلقنىڭ بۇ نەرسىلەرگە تېگىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈندۇر. چۈنكى بۇ كىيىم مۇقەددەستۇر.20ئۇلار چېچىنى چۈشۈرمىسۇن ياكى ئۇزۇن قويمىسۇن، پەقەت چېچىنى ياساتسۇن.
21روھانىيلار ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكىرىكى ھويلىسىغا كىرىشتىن ئىلگىرى شاراب ئىچمىسۇن.
22ئۇلار تۇل ئاياللارنى ياكى ئاجراشقان ئاياللارنى ئەمرىگە ئالمىسۇن. پەقەت ئىسرائىللار ئىچىدىكى ئىپپەتلىك قىزلارنى ياكى روھانىيلاردىن تۇل قالغان ئاياللارنى ئەمرىگە ئالسا بولىدۇ.
23ئۇلار مېنىڭ خەلقىمگە نېمىنىڭ مۇقەددەس، نېمىنىڭ مۇقەددەس ئەمەسلىكىنى ئۆگەتسۇن، نېمىنىڭ پاك ياكى نېمىنىڭ ناپاك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرسۇن.
24ئۇلار خەلق ئارىسىدىكى ماجىرالارنى مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىم بويىچە بىر تەرەپ قىلسۇن. ئۇلار مېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىم بويىچە بارلىق ھېيت-بايراملارغا ۋە مەن بېكىتكەن دەم ئېلىش كۈنلىرىگە ئەمەل قىلسۇن.
25روھانىيلار مېيىتكە يېقىنلىشىپ، ئۆزلىرىنى ناپاك قىلمىسۇن. ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىڭ ئاتا-ئانىلىرى، ئوغۇل-قىزلىرى، ئاكا-ئىنىلىرى، تېخى ياتلىق بولمىغان ئاچا-سىڭىللىرىنىڭ مېيىتىغا يېقىنلىشىپ، ئۆزلىرىنى ناپاك قىلسا بولىدۇ.26ناپاك بولغان روھانىيلار پاكلانغاندىن كېيىن، يەنە يەتتە كۈن كۈتسۇن.27ئۇلار ئىچكىرىكى ھويلىغا كىرىپ، مۇقەددەس جايدىكى خىزمىتىنى قايتا باشلاشتىن بۇرۇن، ئۆزلىرى ئۈچۈن پاكلىنىش قۇربانلىقى سۇنسۇن. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.
28روھانىيلارغا ئىسرائىل زېمىنىدىن ھېچقانداق زېمىن مۈلۈك قىلىپ بېرىلمىسۇن. ئۇلارنىڭ بىردىنبىر مۈلكى ۋە نېسىۋىسى مەندۇرمەن.29ئىسرائىللار سۇنغان ئاشلىق ھەدىيەسى، پاكلىنىش ۋە ئەيىب قۇربانلىقلىرى ئۇلارنىڭ يېمەكلىكىدۇر. ئىسرائىل خەلقىنىڭ ماڭا ئاتىغانلىرى ئۇلارغا تەۋەدۇر.30تۇنجى ئېلىنغان ھوسۇلنىڭ ئەڭ ئېسىل قىسمى ۋە باشقا بېكىتىلگەن ھەر خىل ھەدىيە ۋە قۇربانلىقلار روھانىيلارغا تەۋەدۇر. سىلەر تۇنجى ئېلىنغان ھوسۇلنىڭ ئۇنىنى روھانىيلارغا ئاتاڭلار. شۇندىلا ئائىلەڭلار بەرىكەت تاپىدۇ.
31روھانىيلار مەيلى ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ياكى يىرتقۇچ ھايۋانلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان ياكى قۇش بولسۇن، ھېچقايسىسىنى يېمىسۇن.

 

45

مۇقەددەس يەر

1_ ئىسرائىل زېمىنىنى ئىسرائىل قەبىلىلىرىگە مۈلۈك قىلىپ تەقسىم قىلغىنىڭلاردا، بىر پارچە يەرنى مەن پەرۋەردىگارغا ئايرىپ قويۇڭلار. بۇ يەرنىڭ ئۇزۇنلۇقى 12.5 كىلومېتىر، كەڭلىكى 10 كىلومېتىر بولسۇن. بۇ يەرنى مۇقەددەس يەر دەپ ئاتاڭلار.3-2 بۇ مۇقەددەس يەرنى ئىككى بۆلەككە بۆلۈڭلار، ھەربىر بۆلىكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 12.5 كىلومېتىر، كەڭلىكى 5 كىلومېتىردىن بولسۇن. شۇلارنىڭ بىرىدىن ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى ئوخشاشلا 250 مېتىر كېلىدىغان بىر يەرنى ئىبادەتخانا ئۈچۈن ئايرىۋېلىڭلار، بۇ ئەڭ مۇقەددەس ئورۇن بولىدۇ. ئىبادەتخانا ھويلا تېمىنىڭ تۆت تەرىپىنىڭ سىرتىدىن 25 مېتىر كەڭلىكتە بوشلۇق قالدۇرۇڭلار.4مۇقەددەس يەرنىڭ بۇ يېرىمى يەنە ئىبادەتخانامدا ھۇزۇرۇمغا يېقىنلىشىپ، خىزمەت قىلىدىغان روھانىيلارغىمۇ تەۋە بولۇپ، بۇ يەردە روھانىيلارنىڭ تۇرالغۇلىرى بولىدۇ. دېمەك، بۇ يەردە روھانىيلارنىڭ تۇرالغۇلىرى ۋە ئىبادەتخانا بولىدۇ.5مۇقەددەس يەرنىڭ ئۇزۇنلۇقى 12.5 كىلومېتىر، كەڭلىكى 5 كىلومېتىر كېلىدىغان ئىككىنچى يېرىمى ئىبادەتخانامدا يۈگۈر-يېتىم ئىشلارنى قىلىدىغان لاۋىيلارنىڭ مۈلكىدۇر. ئۇلار ياشايدىغان تۇرالغۇلار شۇ يەرگە جايلاشسۇن.6مۇقەددەس يەرنىڭ جەنۇب تەرىپىدىن ئۇزۇنلۇقى 12.5 كىلومېتىر، كەڭلىكى 2.5 كىلومېتىر كېلىدىغان بىر يەرنى ئايرىۋېلىڭلار. شۇ يەرگە شەھەر جايلاشسۇن، بۇ شەھەر پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىگە تەۋە بولىدۇ.
7مۇقەددەس يەر بىلەن شەھەرنىڭ شەرق ۋە غەرب تەرىپىدىكى ئىككى پارچە يەر پادىشاھقا تەۋە بولسۇن. غەرب تەرىپىدىكى يەر ئوتتۇرا دېڭىزغا، شەرق تەرىپىدىكى يەر ئىئوردان دەرياسىغا تۇتىشىدىغان بولۇپ، بۇ يەرلەرنىڭ غەربتىن شەرققىچە بولغان ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى باشقا قەبىلىلەرگە تەقسىم قىلىنغان يەرلەرنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى بىلەن ئوخشاشتۇر.8ئىسرائىل زېمىنىدىكى بۇ خانلىق يەر پادىشاھنىڭ مۈلكىدۇر. ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھلىرى بۇنىڭدىن كېيىن خەلقىمگە زۇلۇم سالمايدۇ، ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ ئۆز يەرلىرىگە ئۆزلىرىنىڭ ئىگىدارچىلىق قىلىشىغا يول قويىدۇ.

پادىشاھ رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

9ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:
_ ئەي ئىسرائىللارنىڭ يېتەكچىلىرى، بولدى بەس! ئەمدى زوراۋانلىق ۋە زۇلۇمنى قويۇپ، ئادالەت ۋە ھەققانىيەت بىلەن ئىش قىلىڭلار، خەلقىمنى ئۆز يەرلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر قىلماڭلار. بۇ مەنكى ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.
10تارازا ۋە ئۆلچىمىڭلار توغرا ۋە ئادىل بولسۇن.12-11 ئاشلىق ياكى سۇيۇق نەرسىلەرنى ئۆلچىگەندە، ئۆلچەملىك بىر قاچا ئىشلىتىڭلار.
13تۆۋەندىكىلەر ئىسرائىللار ھېيت-بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن پادىشاھقا بېرىشكە تېگىشلىك بولغان نەرسىلەر ھەققىدىكى بەلگىلىمىلەردۇر. پادىشاھقا بۇغداي ۋە ئارپىدىن ئېلىنغان ھوسۇلنىڭ ئاتمىشتىن بىرى،14زەيتۇن يېغىنىڭ يۈزدىن بىرى بېرىلسۇن.15ئىسرائىللارنىڭ سۇلىرى ئەلۋەك يايلاقلىرىدىكى قويلارنىڭ ئىككى يۈزدىن بىرى بېرىلسۇن. يۇقىرىقىلار ئىسرائىللارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ ساقىت قىلىنىشى ئۈچۈن ئاشلىق ھەدىيەسى، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى سۈپىتىدە سۇنۇلىدۇ. بۇ مەنكى ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.16بارلىق ئىسرائىللار مۇشۇنداق نەرسىلەرنى ئېلىپ كېلىپ، پادىشاھقا تاپشۇرۇپ بەرسۇن.17ئىسرائىل خەلقىنىڭ گۇناھلىرىنىڭ ساقىت قىلىنىشى ئۈچۈن پادىشاھ ھېيت-بايرام كۈنلىرى، يېڭى ئاي چىققان كۈنلىرى ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى، ئاشلىق ھەدىيەسى، ئىچىملىك ھەدىيەسى، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇنىدۇ.

ھېيت-بايراملاردىكى ھەدىيەلەر

18ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:
_ 1-ئاينىڭ*1-كۈنى مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى پاكلاش ئۈچۈن بىر تۇياق بېجىرىم بۇقىنى قۇربانلىق قىلىڭلار.19روھانىي پاكلىنىش قۇربانلىقىنىڭ قېنىدىن ئازراق ئېلىپ، ئىبادەتخانىنىڭ ئىشىكلىرىنىڭ كېشىكىگە، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئوتتۇرىدىكى بۆلىكىنىڭ تۆت بۇرجىكىگە ۋە ئىچكىرىكى ھويلا دەرۋازا ئىمارەتلىرىنىڭ ئىشىكىنىڭ كېشىكىگە سۈركەپ قويسۇن.20‏ 1-ئاينىڭ 7-كۈنى كىشىلەرنىڭ بىخەستەلىكى ياكى ساددىلىقى سەۋەبىدىن ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىدىن بۇلغانغان ئىبادەتخانىنى پاكلاش ئۈچۈن، روھانىي يۇقىرىقىدەك ئىش تۇتسۇن.
21‏ 1-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن باشلاپ يەتتە كۈن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتكۈزۈڭلار. ھېيت كۈنلىرى پېتىر نان يەڭلار.22ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ بىرىنچى كۈنى پادىشاھ ئۆزىنىڭ ۋە خەلقىنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى ئۈچۈن بىر تۇياق بۇقىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە سۇنسۇن.23بۇ يەتتە كۈنلۈك ھېيت جەريانىدا، ئۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن ھەر كۈنى بېجىرىم بولغان يەتتە تۇياق بۇقا، يەتتە تۇياق قوچقار، گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تۇياق تېكىنى مەنكى پەرۋەردىگارغا سۇنسۇن.24ھەربىر بۇقا ياكى قوچقارغا قوشۇپ 30 كىلو سۈپەتلىك ئۇن ۋە 6 لىتىر زەيتۇن يېغىنى ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنسۇن.25‏ 7-ئاينىڭ 15-كۈنى باشلىنىدىغان يەتتە كۈنلۈك كەپە تىكىش ھېيتى مەزگىلىدە، پادىشاھ يۇقىرىدىكى مىقدار ۋە ساندا گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى، كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە زەيتۇن يېغىنى مەنكى پەرۋەردىگارغا سۇنسۇن.


*45: 18_ مىلادىيە كالېندارى بويىچە 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ.


 

46

1ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:
_ ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكىرىكى ھويلىسىنىڭ شەرقىي دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ ئىشىكى ھەپتىنىڭ ئالتە ئىش كۈنىدە تاقاق تۇرسۇن، پەقەت دەم ئېلىش كۈنلىرى ۋە يېڭى ئاي چىققان كۈنلىرى ئوچۇق تۇرسۇن.
2بۇ كۈنلەردە پادىشاھ ئىچكىرىكى ھويلىنىڭ شەرقىي دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ خانىسىغا كىرىپ، ئىشىك تۈۋىدە تۇرسۇن. روھانىيلار پادىشاھنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەن ماللىرىنى قۇربانلىق قىلسۇن. پادىشاھ ئىشىك تۈۋىدىلا سەجدە قىلسۇن، ئاندىن چىقىپ كەتسۇن. دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ ئىشىكى كەچ كىرگۈچە تاقالمىسۇن.3دەم ئېلىش كۈنلىرى ۋە يېڭى ئاي چىققان كۈنلىرى ئىسرائىل خەلقى بۇ دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، ھۇزۇرۇمدا ماڭا سەجدە قىلسۇن.4پادىشاھ دەم ئېلىش كۈنى ماڭا ئاتاپ ئالتە تۇياق بېجىرىم ئەركەك پاقلان، بىر تۇياق بېجىرىم قوچقارنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن سۇنسۇن.5قوچقار بىلەن بىرگە 30 كىلو سۈپەتلىك ئۇن، پاقلان بىلەن بىرگە خالىغان مىقداردا ئاشلىق ھەدىيەسى سۇنسۇن. ھەر 5 كىلو سۈپەتلىك ئۇن بىلەن بىرگە بىر لىتىر زەيتۇن يېغى قوشۇپ سۇنسۇن.6يېڭى ئاي چىققان كۈنلىرى بېجىرىم بولغان بىر تۇياق بۇقا، ئالتە تۇياق ئەركەك پاقلان، بىر تۇياق قوچقار سۇنسۇن.7بۇقا ۋە قوچقار بىلەن بىرگە 30 كىلو سۈپەتلىك ئۇننى ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنسۇن. پاقلان بىلەن بىرگە خالىغان مىقداردا سۇنسا بولىدۇ. ھەر 5 كىلو سۈپەتلىك ئۇن بىلەن بىرگە چوقۇم بىر لىتىر زەيتۇن يېغى سۇنسۇن.
8پادىشاھ ئىچكىرىكى ھويلىنىڭ دەرۋازا ئىمارىتىگە كىرگەندە، پەقەت خانىسىغىلا كىرسۇن ۋە كىرگەن يولى بىلەن چىقىپ كەتسۇن.9ئىسرائىل خەلقى بەلگىلەنگەن ھېيت كۈنلىرى ھۇزۇرۇمدا مەنكى پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلىدىغان ۋاقتىدا شىمالىي دەرۋازا ئىمارىتى ئارقىلىق كىرگەنلەر جەنۇبىي دەرۋازا ئىمارىتى ئارقىلىق، جەنۇبىي دەرۋازا ئىمارىتى ئارقىلىق كىرگەنلەر شىمالىي دەرۋازا ئىمارىتى ئارقىلىق چىقىپ كەتسۇن. ھېچكىممۇ كىرگەن دەرۋازا ئىمارىتى بىلەن قايتمىسۇن، چوقۇم قارشى تەرىپىدىكى دەرۋازا بىلەن چىقىپ كەتسۇن.10پادىشاھ ھېيت كۈنلىرى خەلق بىلەن بىرلىكتە ئىبادەتخانىغا كىرسۇن ۋە خەلق بىلەن بىرگە چىقىپ كەتسۇن.
11بەلگىلەنگەن ھەربىر ھېيت-ئايەم كۈنلىرىدە قۇربانلىقلارغا قوشۇپ ئاشلىق ھەدىيەسى سۇنۇلسۇن. ھەربىر بۇقا ۋە قوچقار بىلەن بىرگە 30 كىلو سۈپەتلىك ئۇن سۇنۇلسۇن. پاقلان بىلەن بىرگە خالىغان مىقداردا بولسۇن. ھەر 5 كىلو ئۇن بىلەن بىرگە بىر لىتىر زەيتۇن يېغى سۇنۇلسۇن.12ئەگەر پادىشاھ ماڭا خالىس قىلىنىدىغان ھەدىيە سۈپىتىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ياكى ئامانلىق قۇربانلىقى سۇنماقچى بولسا، ئۇنىڭغا ئىچكىرىكى ھويلىنىڭ شەرقىي دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ ئىشىكى ئېچىپ بېرىلسۇن. ئۇ دەم ئېلىش كۈنىدە قۇربانلىقلارنى قانداق ئۇسۇلدا سۇنغان بولسا، بۇ قۇربانلىقلارنىمۇ شۇنداق ئۇسۇلدا سۇنسۇن. ئۇ قۇربانلىقلىرىنى سۇنۇپ بولغاندىن كېيىن، چىقىپ كەتسۇن، دەرۋازا تاقالسۇن.
13پادىشاھ ھەر كۈنى ئەتىگەندە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر ياشلىق بېجىرىم ئەركەك پاقلاندىن بىرنى ماڭا ئاتاپ ئېلىپ كەلسۇن.14شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەر كۈنى ئەتىگەندە 5 كىلو سۈپەتلىك ئۇنغا 2 لىتىر زەيتۇن يېغى قۇيۇپ، ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنسۇن. مەنكى پەرۋەردىگارغا بۇ خىل ئاشلىق ھەدىيەسىنى سۇنۇش سىلەر ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىدۇر.15شۇڭا ھەر كۈنى ئەتىگەندە پاقلان، ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە زەيتۇن يېغى تەييارلاپ، كۈندىلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنۇڭلار.

خانلىق يەر ھەققىدە

16ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:
_ ئەگەر پادىشاھ خانلىق يېرىنىڭ بىر قىسمىنى ئوغلىغا سوۋغا قىلىپ بەرسە، بۇ يەر ئوغلىنىڭ مەڭگۈلۈك مىراسى بولىدۇ.
17ئەگەر ئەمەلدارىغا سوۋغا قىلىپ بەرسە، ئەمەلدارى ھۆرلۈك يىلىغىچە بۇ يەرگە ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ. ھۆرلۈك يىلى كەلگەندە، يەر پادىشاھقا قايتىدۇ. پادىشاھنىڭ مۈلكىگە پەقەت ئۇنىڭ ئوغۇللىرىلا ۋارىسلىق قىلىدۇ.18پادىشاھ خەلقىنى ھەيدىۋېتىپ، يېرىنى تارتىۋالمىسۇن. پادىشاھ پەقەت ئۆز يېرىنىلا ئوغۇللىرىغا مىراس قالدۇرالايدۇ. شۇندىلا خەلقىم مۈلكى بولغان يېرىدىن ھەيدىلىپ كېتىشتىن ساقلىنىپ قالىدۇ.

ئىبادەتخانىنىڭ ئاشخانىلىرى

19ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ ئادەم مېنى شىمالىي ئىچكىرىكى دەرۋازا ئىمارىتى ئارقىلىق تاشقىرىقى ھويلىغا ئېلىپ چىقىپ، ئالدى شىمالغا قارايدىغان روھانىيلارنىڭ مۇقەددەس خانىلىرىنىڭ ئالدىدىكى يولنىڭ كىرىش ئېغىزىغا باشلاپ كەلدى. شۇ يەردە ئۇ ئادەم ماڭا غەربتىكى ئەڭ چەتتىكى بىر يەرنى كۆرسەتتى.20‏ ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى:
_ بۇ يەردە روھانىيلار ئەيىب قۇربانلىقلىرى، گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقلىرى ۋە ئاشلىق ھەدىيەلىرىنى پىشۇرىدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب قۇربانلىقلار ۋە ھەدىيەلەرنىڭ تاشقىرىقى ھويلىغا ئېلىپ چىقىلماسلىقى ۋە خەلقنىڭ بۇ نەرسىلەرگە تېگىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈندۇر. چۈنكى بۇ قۇربانلىقلار ۋە ھەدىيەلەر مۇقەددەستۇر.

21ئۇ ئادەم مېنى ئۇ يەردىن يەنە تاشقىرىقى ھويلىغا ئېلىپ چىقىپ، ھويلىنىڭ تۆت بۇلۇڭىنى كۆرسەتتى. قارىسام، ھويلىنىڭ ھەربىر بۇلۇڭىدا بىردىن كىچىك ھويلا بار ئىكەن.22ھەربىر ھويلا تام بىلەن قورشالغان بولۇپ، ھەربىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئوخشاشلا 20 مېتىر، كەڭلىكى 15 مېتىر ئىدى.23ھەربىر ھويلىنىڭ ئىچ تەرىپىدە تامنى بويلاپ بىر قاتاردىن تاش ئوچاق بار ئىدى.24ئۇ ماڭا:
_ بۇلار ئىبادەتخانىدا يۈگۈر-يېتىم ئىشلارنى قىلىدىغان لاۋىيلارنىڭ خەلق سۇنغان قۇربانلىقلارنى پىشۇرىدىغان يەرلىرىدۇر، _ دېدى.

 

47

ئىبادەتخانىدىن ئېقىپ چىققان ھاياتلىق دەرياسى

1ئۇ ئادەم يەنە مېنى ئىبادەتخانىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ ئالدىغا ئەكەلدى. ئىبادەتخانىنىڭ ئالدى شەرققە قارايتتى. قارىسام، ئىبادەتخانىنىڭ بوسۇغىسىنىڭ ئاستىدىن بىر بۇلاق چىقىپ، جەنۇبقا قاراپ ئېقىپ، ئاندىن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ جەنۇبىي تەرىپى بىلەن شەرققە قاراپ ئېقىۋېتىپتۇ.2ئاندىن ئۇ مېنى شىمالىي دەرۋازا ئىمارىتى ئارقىلىق تاشقىرىقى ھويلىنىڭ سىرتى بىلەن شەرقىي دەرۋازا ئىمارىتىگە ئېلىپ كەلدى. سۇ شەرقىي دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدىن سىرغىپ چىقىۋاتاتتى.3ئۇ ئادەم قولىدىكى ئۆلچەم تانىسى بىلەن ئېقىننى شەرق تەرەپكە قاراپ ئۆلچەشكە باشلىدى. 500 مېتىر ئۆلچەپ بولغاندىن كېيىن، ئېقىننى كېچىشىمنى بۇيرۇدى، سۇ ئوشۇقۇمغا كەلدى.4ئاندىن ئۇ يەنە 500 مېتىر ئۆلچىدى ۋە ئېقىننى كېچىشىمنى بۇيرۇدى، سۇ تىزىمغا كەلدى. ئاندىن ئۇ يەنە 500 مېتىر ئۆلچىدى ۋە ئېقىننى كېچىشىمنى بۇيرۇدى، سۇ بېلىمگە كەلدى.5ئۇ يەنە 500 مېتىر ئۆلچىدى. سۇ تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلەپ، كېچىپ ماڭغىلى بولمايدىغان، پەقەت ئۈزگىلى بولىدىغان بىر دەرياغا ئايلانغانىدى.6ئۇ ئادەم ماڭا:
_ ئەي ئادەم بالىسى، كۆرگەنلىرىڭنى ئېسىڭدە تۇت! _ دېدى ۋە مېنى دەريا قىرغىقىغا قايتۇرۇپ ئەكەلدى.
7مەن دەريا قىرغىقىغا چىققان ھامان دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىنىڭ دەرەخلەرگە تولغانلىقىنى كۆردۈم.8ئۇ ئادەم ماڭا مۇنداق دېدى:
_ بۇ دەريا شەرققە قاراپ ئېقىپ، ئىئوردان دەرياسى ۋادىسى ئارقىلىق ئۆلۈك دېڭىزغا قۇيۇلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇ يەرنىڭ تۇزلۇق سۈيى تاتلىق سۇغا ئايلىنىدۇ.
9تۇزلۇق سۇلار تاتلىق سۇلارغا ئايلانغانلىقى ئۈچۈن، بۇ دەريا قەيەرگە ئېقىپ بارسا، شۇ يەردە ھاياتلىق بولىدۇ، جانلىقلار كۆپىيىدۇ، بېلىقلار ناھايىتى مول بولىدۇ.10بېلىقچىلار دېڭىزنىڭ قىرغىقىدا تۇرۇپ، بېلىق تۇتىدۇ. بېلىقلارنىڭ تۈرلىرى ئوتتۇرا دېڭىزدىكى بېلىقلاردەك ناھايىتى كۆپ بولىدۇ. ئېنگەدىدىن ئېن-ئەگلايىمغىچە بولغان يەرلەر بېلىقچىلارنىڭ تورلىرىنى يېيىپ قۇرۇتىدىغان يەرلەرگە ئايلىنىدۇ.11لېكىن ئەتراپىدىكى سازلىقلار ۋە كۆلچەكلەر ئۆزگەرمەيدۇ، ئۇلار تۇز مەنبەسى بولىدۇ.12دەريانىڭ ئىككى تەرىپىدە ھەر تۈرلۈك مېۋىلىك دەرەخلەر ئۆسىدۇ، يوپۇرماقلىرى قۇرۇپ قالمايدۇ. بۇ سۇ ئىبادەتخانىدىن ئېقىپ چىققانلىقى ئۈچۈن، مېۋىلىك دەرەخلەر ھەر ئايدا يېڭى مېۋە بېرىدۇ، مېۋىلىرى ئۆكسۈپ قالمايدۇ. مېۋىلىرى ئوزۇق، يوپۇرماقلىرى شىپا بولىدۇ.

ئىسرائىل زېمىنىنىڭ چېگرالىرى

13ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:
_ ئىسرائىل زېمىنىنى ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىگە مۈلۈك قىلىپ بۆلۈپ بېرىڭلار. يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى ئىككى ئۈلۈش ئالسۇن،
14قالغانلىرى بىر ئۈلۈشتىن ئالسۇن. مەن بۇ يەرلەرنى ئەجدادلىرىڭلارغا بېرىشكە ۋەدە قىلغانىدىم. بۇ يەرلەر سىلەرنىڭ مۈلكۈڭلار بولىدۇ.
15تۆۋەندىكىلەر زېمىنىڭلارنىڭ چېگرالىرىدۇر:
شىمالىي چېگرايىڭلار ئوتتۇرا دېڭىزدىن باشلىنىپ، خەتلوندىن ئۆتىدىغان يولنى بويلاپ، لىبو-خامات ئارقىلىق زىداد شەھىرىگىچە داۋاملىشىدۇ.
16ئۇنىڭدىن كېيىن بېروتاغا، ئاندىن دەمەشق بىلەن خامات ئوتتۇرىسىدىكى سىبرايىم شەھىرىگە بېرىپ، خاۋران چېگراسىدىكى خازېر-ھاتتىكوندىن ئۆتىدۇ.17شۇنداق قىلىپ، شىمالىي چېگرايىڭلار ئوتتۇرا دېڭىزدىن باشلىنىپ، شەرقتىكى خازار-ئېنان شەھىرىگىچە بارىدۇ. خازار-ئېنان شەھىرى دەمەشق بىلەن خاماتنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقاندۇر.
18شەرقىي چېگرايىڭلار خاۋران ۋە دەمەشق ئارىسىدىكى يەردىن باشلىنىپ، گىلئاد بىلەن ئىسرائىل زېمىنىنىڭ ئارىسىدىن ئېقىپ ئۆتكەن ئىئوردان دەرياسىنى چېگرا قىلىپ، ئۆلۈك دېڭىزدىن ئۆتۈپ، جەنۇبتىكى تامار شەھىرىگە يېتىپ بارىدۇ. مانا بۇ سىلەرنىڭ شەرقىي چېگرايىڭلاردۇر.
19جەنۇبىي چېگرايىڭلار تامار شەھىرىدىن غەربىي جەنۇب تەرەپكە سوزۇلۇپ، كادېشتىكى «مىرىبا سۈيى»گىچە بارىدۇ. كېيىن مىسىر چېگراسىدىكى دەريانى پاسىل قىلىپ، ئوتتۇرا دېڭىزغا يېتىپ بارىدۇ. مانا بۇ جەنۇبىي چېگرايىڭلاردۇر.
20غەربىي چېگرايىڭلار ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ قىرغاقلىرى بولۇپ، شىمالىي چېگرايىڭلار باشلانغان يەرگىچە، يەنى لىبو-خاماتنىڭ غەربىگىچە سوزۇلىدۇ.
21بۇ زېمىننى ئىسرائىل قەبىلىلىرىگە بۆلۈپ بېرىڭلار.22بۇ زېمىن سىلەرنىڭ مۈلكۈڭلاردۇر. ئاراڭلاردا ياشاۋاتقان يات خەلقلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ مۇشۇ زېمىندا تۇغۇلغان پەرزەنتلىرىگىمۇ يەرلەرنى مۈلۈك قىلىپ، تەقسىم قىلىپ بېرىڭلار. ئۇلارغىمۇ ئىسرائىل قەبىلىلىرىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپ، سىلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلاردىن بۆلۈپ بېرىڭلار.23ئۇلار قايسى قەبىلە بىلەن بىرگە ياشىسا، ئۇلارغا شۇ قەبىلىگە تەۋە يەرلەردىن بۆلۈپ بېرىڭلار. بۇ مەنكى ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

 

48

يەتتە قەبىلىگە تەقسىم قىلىنغان يەرلەر

1ئىگىمىز پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ:
_ تۆۋەندىكىلەر ئىسرائىللارنىڭ قەبىلە ناملىرى ۋە ئۇلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن يەرلەردۇر: دان قەبىلىسىنىڭ يېرى ئىسرائىللارنىڭ زېمىنىنىڭ ئەڭ شىمالىدا بولسۇن. ئۇنىڭ شىمالىي چېگراسىنىڭ غەرب تەرىپى ئوتتۇرا دېڭىزدىن باشلىنىپ، خەتلوندىن ئۆتىدىغان يولنى بويلاپ، لىبو-خامات ئارقىلىق خازار-ئېنان شەھىرىگە تۇتاشسۇن. خازار-ئېنان دەمەشق بىلەن خاماتنىڭ ئوتتۇرىسىدىدۇر. دان قەبىلىسىنىڭ يېرى ئىسرائىل زېمىنىنىڭ شەرقىي چېگراسىدىن غەربىي چېگراسىغىچە سوزۇلىدۇ.
2ئاشېر قەبىلىسىنىڭ يېرى دان قەبىلىسىنىڭ يېرىنىڭ جەنۇبىدا بولسۇن. ئۇلارنىڭ يېرى ئىسرائىل زېمىنىنىڭ شەرقىي چېگراسىدىن غەربىي چېگراسىغىچە سوزۇلىدۇ.3نافتالى قەبىلىسىنىڭ يېرى ئاشېر قەبىلىسىنىڭ يېرىنىڭ جەنۇبىدا بولسۇن. ئۇلارنىڭ يېرى ئىسرائىل زېمىنىنىڭ شەرقىي چېگراسىدىن غەربىي چېگراسىغىچە سوزۇلىدۇ.4ماناسسە قەبىلىسىنىڭ يېرى نافتالى قەبىلىسىنىڭ يېرىنىڭ جەنۇبىدا بولسۇن. ئۇلارنىڭ يېرى ئىسرائىل زېمىنىنىڭ شەرقىي چېگراسىدىن غەربىي چېگراسىغىچە سوزۇلىدۇ.5ئەفرايىم قەبىلىسىنىڭ يېرى ماناسسە قەبىلىسىنىڭ يېرىنىڭ جەنۇبىدا بولسۇن. ئۇلارنىڭ يېرى ئىسرائىل زېمىنىنىڭ شەرقىي چېگراسىدىن غەربىي چېگراسىغىچە سوزۇلىدۇ.6رۇبېن قەبىلىسنىڭ يېرى ئەفرايىم قەبىلىسىنىڭ يېرىنىڭ جەنۇبىدا بولسۇن. ئۇلارنىڭ يېرى ئىسرائىل زېمىنىنىڭ شەرقىي چېگراسىدىن غەربىي چېگراسىغىچە سوزۇلىدۇ.7يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ يېرى رۇبېن قەبىلىسنىڭ يېرىنىڭ جەنۇبىدا بولسۇن. ئۇلارنىڭ يېرى ئىسرائىل زېمىنىنىڭ شەرقىي چېگراسىدىن غەربىي چېگراسىغىچە سوزۇلىدۇ.

مۇقەددەس يەرلەر

8_ سىلەر يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ زېمىنىنىڭ جەنۇبىغا تۇتىشىدىغان زېمىندىن بىر پارچە يەرنى ئالاھىدە مەقسەت ئۈچۈن ئايرىپ قويۇڭلار. بۇ يەرگە خانلىق يەرلەرنى قوشقاندا شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى قوشنا قەبىلىلەرنىڭ زېمىنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىلەن ئوخشاش بولسۇن، كەڭلىكى 12.5 كىلومېتىردۇر. ئىبادەتخانا ئاشۇ يەرنىڭ مەركىزىدە بولسۇن.
9سىلەر مۇشۇ ئالاھىدە يەرنىڭ ئىچىدىن ئۇزۇنلۇقى 12.5 كىلومېتىر، كەڭلىكى 10 كىلومېتىر بولغان بىر پارچە يەرنى مەنكى پەرۋەردىگارغا بېغىشلاڭلار.10ئاندىن مەنكى پەرۋەردىگارغا بېغىشلانغان مۇشۇ مۇقەددەس يەرنىڭ ئىچىدىن ئۇزۇنلۇقى 12.5 كىلومېتىر، كەڭلىكى 5 كىلومېتىر بولغان يېرىمىنى روھانىيلارغا بۆلۈپ بېرىڭلار. ماڭا ئاتىلىدىغان ئىبادەتخانا مۇشۇ يەرنىڭ ئىچىدە بولسۇن.11بۇ يەر پەقەت زادوق ئەۋلادلىرىدىن ماڭا بېغىشلىنىپ، ۋەزىپە ئۆتەيدىغان پاك روھانىيلارغا تەۋە بولىدۇ. ئىسرائىللار مەندىن يىراقلاشقان ۋاقىتلاردا، زادوق ئەۋلادلىرى قالغان لاۋىيلاردەك مەندىن يۈز ئۆرۈمىدى.12مۇقەددەس يەرنىڭ ئىچىدىكى بۇ يەر زادوق ئەۋلادلىرىنىڭ ئالاھىدە ئۈلۈشى بولۇپ، ئەڭ مۇقەددەس يەر ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەر لاۋىيلارنىڭ زېمىنى بىلەن قوشنىدۇر.
13مەنكى پەرۋەردىگارغا بېغىشلانغان يەرنىڭ يەنە بىر يېرىمى لاۋىيلارغا بۆلۈپ بېرىلسۇن. بۇ يەرنىڭمۇ ئۇزۇنلۇقى 5‏.12 كىلومېتىر، كەڭلىكى 5 كىلومېتىر بولىدۇ. دېمەك، لاۋىيلارغا ۋە روھانىيلارغا بۆلۈپ بېرىلگەن يەرلەرنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 5‏.12 كىلومېتىر، كەڭلىكى 10 كىلومېتىر بولىدۇ.
14بۇ يەرلەرنى سېتىشقا ياكى باشقىلارنىڭ يەرلىرى بىلەن ئالماشتۇرۇشقا قەتئىي بولمايدۇ. بۇ يەرلەر ئىسرائىللارنىڭ زېمىنى ئىچىدىكى ئەڭ ئالاھىدە يەرلەر بولغانلىقى ئۈچۈن، باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ، پەقەت ماڭا تەۋە مۇقەددەس يەر بولىدۇ.
15مۇقەددەس يەرنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇزۇنلۇقى 12.5 كىلومېتىر، كەڭلىكى 5‏.2 كىلومېتىر كېلىدىغان بىر پارچە يەر ئاۋامغا تەۋە بولىدۇ. بۇ يەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرالغۇ ئۆيلەر ۋە شەھەر بولىدۇ، شەھەرنىڭ تۆت ئەتراپىدا ئوتلاقلار بولىدۇ.16شەھەر تۆت چاسا شەكلىدە لايىھەلەنسۇن، شەھەرنىڭ شىمال، جەنۇب، شەرق ۋە غەرب تەرەپلىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئوخشاشلا 2.25 كىلومېتىردىن بولسۇن.17ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنىڭ، يەنى شىمال، جەنۇب، شەرق ۋە غەرب تەرەپلەردىكى ئوتلاقلارنىڭ كەڭلىكى 125 مېتىردىن بولسۇن.18مۇقەددەس يەر بىلەن قوشنا بولغان ئاۋامغا تەۋە يەرنىڭ شەرق ۋە غەرب تەرەپلىرىدىكى ئۇزۇنلۇقى 5 كىلومېتىردىن كېلىدىغان قالغان يەرلەردىن ئېلىنغان مەھسۇلاتلار شەھەردىكى ئىشلەمچىلەرنىڭدۇر.19بۇ يەرنى تېرىيدىغان شەھەردىكى ئىشلەمچىلەر بارلىق ئىسرائىل قەبىلىلىرىگە تەۋە كىشىلەردۇر.20مۇقەددەس يەر بىلەن ئاۋامغا تەۋە يەرنى قوشقاندا، ھەممە تەرەپلىرى 12.5 كىلومېتىردىن بولۇپ، تۆت چاسا شەكلىدە بولىدۇ.
21مۇقەددەس يەر بىلەن ئاۋامغا تەۋە يەرنىڭ شەرق ۋە غەرب تەرەپلىرىدىكى يەرلەر پادىشاھقا تەۋە بولسۇن. پادىشاھقا تەۋە بۇ يەرلەر 12.5 كىلومېتىر كەڭلىك بويىچە شىمال ۋە جەنۇبتىكى قەبىلىلەرگە بۆلۈنگەن يەرلەرنى بويلاپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىسرائىل زېمىنىنىڭ شەرقىي ۋە غەربىي چېگرالىرىغىچە سوزۇلۇپ بارىدۇ. ئىبادەتخانا جايلاشقان مۇقەددەس يەر بۇ يەرلەرنىڭ مەركىزىدە بولىدۇ.22شۇنداق قىلىپ لاۋىيلار، روھانىيلار ۋە ئاۋامغا تەۋە بولغان يەرلەر پادىشاھقا تەۋە بولغان ئىككى يەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولىدۇ. پادىشاھقا تەۋە خانلىق يەر شىمالدا يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ يەرلىرى بىلەن، جەنۇبتا بىنيامىن قەبىلىسىنىڭ يەرلىرى بىلەن چېگرالىنىدۇ.

بەش قەبىلىگە تەقسىم قىلىنغان يەرلەر

23_ تۆۋەندىكىلەر قالغان قەبىلىلەر ئىگە بولىدىغان يەرلەردۇر. بىنيامىن قەبىلىسىنىڭ يېرى ئالاھىدە مەقسەت ئۈچۈن ئايرىۋېلىنغان يەر ۋە خانلىق يەرلەرنىڭ جەنۇبىدا بولسۇن، ئۇلارنىڭ يېرى ئىسرائىل زېمىنىنىڭ شەرقىي چېگراسىدىن غەربىي چېگراسىغىچە سوزۇلىدۇ.24شىمون قەبىلىسىنىڭ يېرى بىنيامىن قەبىلىسىنىڭ يېرىنىڭ جەنۇبىدا بولسۇن. ئۇلارنىڭ يېرى ئىسرائىل زېمىنىنىڭ شەرقىي چېگراسىدىن غەربىي چېگراسىغىچە سوزۇلىدۇ.25ئىسساكار قەبىلىسىنىڭ يېرى شىمون قەبىلىسىنىڭ يېرىنىڭ جەنۇبىدا بولسۇن. ئۇلارنىڭ يېرى ئىسرائىل زېمىنىنىڭ شەرقىي چېگراسىدىن غەربىي چېگراسىغىچە سوزۇلىدۇ.26زەبۇلۇن قەبىلىسىنىڭ يېرى ئىسساكار قەبىلىسىنىڭ يېرىنىڭ جەنۇبىدا بولسۇن. ئۇلارنىڭ يېرى ئىسرائىل زېمىنىنىڭ شەرقىي چېگراسىدىن غەربىي چېگراسىغىچە سوزۇلىدۇ.27گاد قەبىلىسىنىڭ يېرى زەبۇلۇن قەبىلىسىنىڭ يېرىنىڭ جەنۇبىدا بولسۇن. ئۇلارنىڭ يېرى ئىسرائىل زېمىنىنىڭ شەرقىي چېگراسىدىن غەربىي چېگراسىغىچە سوزۇلىدۇ.28گاد قەبىلىسىنىڭ يېرىنىڭ جەنۇبىي چېگراسى شەرقتىكى تامار شەھىرىدىن باشلىنىپ، كادېشتىكى «مىرىبا سۈيى»گىچە، ئاندىن مىسىر چېگراسىدىكى دەرياغا تۇتىشىپ، ئوتتۇرا دېڭىزغىچە سوزۇلىدۇ.29بۇلار ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىگە مۈلۈك قىلىپ تەقسىم قىلىپ بېرىلىدىغان يەرلەردۇر. بۇ ئۇلارنىڭ ئىگە بولۇشقا تېگىشلىك بولغان يەرلىرىدۇر. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

شەھەرنىڭ دەرۋازىلىرى

30_ شەھەر دەرۋازىلىرى تۆۋەندىكىدەك بولسۇن: شىمالىي سېپىلنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2.25 كىلومېتىر بولسۇن.31شەھەر دەرۋازىلىرىغا ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنىڭ نامى بېرىلسۇن، شەھەرنىڭ شىمالىدىكى ئۈچ دەرۋازا رۇبېن، يەھۇدا ۋە لاۋىي دەرۋازىلىرى دەپ ئاتالسۇن.32شەھەرنىڭ شەرقىي سېپىلىمۇ 2.25 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا بولسۇن ۋە بۇ سېپىلغىمۇ ئۈچ دەرۋازا ياسىلىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا يۈسۈپ، بىنيامىن ۋە دان دەرۋازىسى دەپ ئاتالسۇن.33شەھەرنىڭ جەنۇبىدىكى سېپىلنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2.25 كىلومېتىر بولسۇن ۋە بۇ سېپىلغىمۇ ئۈچ دەرۋازا ياسىلىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا شىمون، ئىسساكار ۋە زەبۇلۇن دەرۋازىسى دەپ ئاتالسۇن.34غەرب تەرەپتىكى سېپىلنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2.25 كىلومېتىر بولسۇن ۋە بۇ سېپىلغىمۇ ئۈچ دەرۋازا ياسىلىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا گاد، ئاشېر ۋە نافتالى دەرۋازىسى دەپ ئاتالسۇن.35‏ شەھەر سېپىلىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى جەمئىي 9 كىلومېتىر بولسۇن. شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ بۇ شەھەرنىڭ ئىسمى «ياھۋەھ شامماھ» [مەنىسى «پەرۋەردىگار مۇشۇ يەردىدۇر»] دەپ ئاتالسۇن.