« سالونىكالىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت »




1

1مەنكى پاۋلۇس ۋە مەن ئارقىلىق سىلاس ھەمدە تىموتىيدىن خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان، سالونىكا شەھىرىدىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە سالام. خۇدا سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي!

سالونىكالىقلارنىڭ ئېتىقادى

2بىز دۇئالىرىمىزدا سىلەر ئۈچۈن دائىم خۇداغا شۈكۈر ئېيتىپ، سىلەرنى ياد ئېتىپ تۇرۇۋاتىمىز. 3خۇدائاتىمىزنىڭ ئالدىدا ئېتىقادىڭلاردىن كەلگەن ياخشى ئىشلىرىڭلارنى، مېھىر-مۇھەببىتىڭلار بىلەن سىڭدۈرگەن ئەجرىڭلارنى ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە باغلىغان ئۈمىدىڭلاردىن كەلگەن سەۋر-تاقەت بىلەن بەرداشلىق بەرگەنلىكىڭلارنى دائىم ئەسلەپ تۇرۇۋاتىمىز. 4ئەي خۇدا سۆيگەن قېرىنداشلار، بىزگە مەلۇمكى، خۇدا سىلەرنى تاللىدى. 5سىلەرگە يەتكۈزگەن بۇ خۇش خەۋەرنى بىز سۆز بىلەنلا ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھتىن كەلگەن كۈچ-قۇدرەت بىلەن، شۇنداقلا خۇدانىڭ بۇ خۇش خەۋەر ئارقىلىق سىلەرنى قۇتقۇزىدىغانلىقىغا بولغان تولۇق ئىشەنچىمىز بىلەن سىلەرگە يەتكۈزدۇق. بىز سىلەر بىلەن بىللە بولغان چاغلاردا قانداق ياشىغانلىقىمىزنى سىلەر بىلىسىلەر. بۇلارنىڭ ھەممىسى سىلەرنىڭ مەنپەئىتىڭلار ئۈچۈن ئىدى. 6سىلەر بىزدىن، شۇنداقلا رەببىمىزدىن ئۈلگە ئالدىڭلار. چۈنكى، سىلەر ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا قارىماي، مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان شاد-خۇراملىق ئىچىدە خۇدانىڭ سۆزىنى قوبۇل قىلدىڭلار. 7نەتىجىدە، سىلەرمۇ ماكېدونىيە ۋە يۇنان ئۆلكىلىرىدىكى پۈتكۈل ئېتىقادچىلارغا ئۈلگە بولدۇڭلار. 8رەببىمىز ھەققىدىكى سۆزلەر سىلەردىن باشلىنىپ، ماكېدونىيە ۋە يۇنانغىلا ئەمەس، ھەممە يەرگە تارقىلىپتۇ. بىز ئۇ يەرلەرگە بارغىنىمىزدا، كىشىلەرنىڭ سىلەرنىڭ خۇداغا بولغان ئېتىقادىڭلاردىن ئاللىقاچان خەۋىرى بارلىقىنى ئۇقتۇق. شۇڭا، بىزنىڭ ئېتىقادىڭلار توغرىسىدا يەنە ئېغىز ئېچىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. 9بىز بارغان جايدىكى كىشىلەر سىلەرنىڭ بىزنى ئىللىق قوبۇل قىلغانلىقىڭلارنى ئاڭلىغانىدى. ئۇلار سىلەرنىڭ بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن ۋاز كېچىپ، ھايات بولغان ھەقىقىي خۇداغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا يۈزلەنگەنلىكىڭلارنى بىزگە ئېيتتى. 10ئۇلار يەنە بىزگە سىلەرنىڭ خۇدانىڭ ئوغلىنىڭ، يەنى خۇدا ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن ئەيسا مەسىھنىڭ ئەرشتىن قايتا كېلىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىڭلارنى ئېيتتى. بىزلەرنى خۇدادىن كېلىدىغان غەزەپتىن قۇتقۇزغۇچى دەل ئەيسا مەسىھتۇر. 




2

پاۋلۇسنىڭ سالونىكادىكى خىزمىتى

1قېرىنداشلار، سىلەرگە مەلۇمكى، بىزنىڭ قېشىڭلارغا بارغىنىمىز بىكارغا كەتمىدى. 2سىلەرگە يەنە شۇمۇ مەلۇمكى، بىز قېشىڭلارغا بېرىشتىن ئىلگىرى فىلىپى شەھىرىدە تۇرغان ۋاقتىمىزدا، ئۇ يەردە ئازاب چەكتۇق ۋە ھاقارەتكە ئۇچرىدۇق. كېيىن، سىلەرنىڭ شەھىرىڭلاردىمۇ يەنە قاتتىق قارشىلىقلارغا ئۇچرىدۇق. لېكىن، بىز خۇدانىڭ ياردىمى بىلەن غەيرەتكە كېلىپ، خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى سىلەرگە يەتكۈزدۇق. 3بىز بۇ خۇش خەۋەرنى بىرەر ساختىلىق، يامان نىيەت ياكى ھىيلىگەرلىك بىلەن يەتكۈزۈۋاتقىنىمىز يوق. 4ئەمەلىيەتتە، خۇدا بىزنى لايىق كۆرۈپ، خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى بىزگە تاپشۇردى. بىز خۇش خەۋەرنى ئىنسانلارنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ قەلبىمىزنى كۆزىتىۋاتقان خۇدانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن يەتكۈزۈۋاتىمىز. 5سىلەرگە مەلۇمكى، بىز ھېچقاچان سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا خۇشامەت قىلغىلى ياكى نىقابلىنىپ تەمەخورلۇق قىلغىلى بارمىدۇق. بۇنىڭغا خۇدا گۇۋاھتۇر. 6مەيلى سىلەر بولۇڭلار ياكى باشقىلار بولسۇن، بىز ھېچكىمدىن بىرەر ماختاش تەمە قىلمىدۇق. 7ئەيسا مەسىھنىڭ ئەلچىلىرىدىن بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، ياردىمىڭلارنى تەلەپ قىلىشقا ھەقلىق ئىدۇق. لېكىن، سىلەرگە خۇددى بالىلىرىنى باغرىغا باسقان مۇلايىم ئانىدەك مۇئامىلە قىلدۇق. 8شۇ چاغدا، سىلەرگە شۇنداق مۇھەببەت باغلىغانىدۇقكى، بىز خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنىلا ئەمەس، ئۆز جېنىمىزنىمۇ تەقدىم قىلىشقا رازى ئىدۇق. چۈنكى، سىلەرنى شۇ قەدەر ياخشى كۆرەتتۇق! 9قېرىنداشلار، بىزنىڭ قانداق تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئىشلىگەنلىكىمىز جەزمەن ئېسىڭلاردا باردۇر. بىز ھېچقايسىڭلارغا ئېغىرىمىزنى سالماسلىق ئۈچۈن، بىر تەرەپتىن كېچە-كۈندۈزلەپ ئىشلەپ تۇرمۇشىمىزنى قامدىساق، يەنە بىر تەرەپتىن خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى سىلەرگە يەتكۈزدۇق. 10ئېتىقادچىلاردىن بولغان سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىزنىڭ پاك، ھەققانىي ۋە ئەيىبسىز ئىكەنلىكىگە ئۆزۈڭلار گۇۋاھلىق بېرەلەيسىلەر، بۇنىڭغا خۇدامۇ گۇۋاھتۇر. 11سىلەرگە مەلۇمكى، بىز ھەربىرىڭلارغا ئاتا پەرزەنتىگە ئەجىر سىڭدۈرگەندەك ئەجىر سىڭدۈردۇق، 12سىلەرگە مەدەت بەردۇق، تەسەللى بەردۇق. سىلەرنى ئۆز پادىشاھلىقىغا ۋە شان-شەرىپىگە چاقىرغان خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىگە لايىق ياشاشقا دەۋەت قىلدۇق.

13خۇداغا ھەمىشە شۈكۈر ئېيتىشىمىزدىكى يەنە بىر سەۋەب شۇكى، سىلەر بىزدىن خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنى قوبۇل قىلغىنىڭلاردا، بۇ سۆزنى ئىنسانلارنىڭ سۆزى ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ سۆزى دەپ ئېتىراپ قىلدىڭلار. ئەمەلىيەتتىمۇ، بۇ سۆز خۇدانىڭ سۆزى بولۇپ، ئۇ ھازىر ئۇنىڭغا ئىشىنىدىغان سىلەرگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتمەكتە. 14قېرىنداشلار، سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلارمۇ خۇداغا ئېتىقاد قىلغان ۋە ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكلىرىگە ئوخشايدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ شۇ يەردىكى يەھۇدىيلار تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغىنىغا ئوخشاش، سىلەرمۇ ئۆز يۇرتداشلىرىڭلار تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىدىڭلار. 15-16بۇرۇن يەھۇدىيلارنىڭ ئەجدادلىرى پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرگەن، كېيىن ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى رەببىمىز ئەيسانى ئۆلتۈردى. ھازىر يەنىلا بەزى يەھۇدىيلار بىزگىمۇ زۇلۇم سېلىپ، بىزنى بىز خۇش خەۋەر تارقىتىۋاتقان شەھەرلەردىن قوغلاپ چىقاردى. ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلمىشلىرى خۇدانىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدۇ. ئۇلار خۇددى پۈتكۈل ئىنسانلار بىلەن دۈشمەنلەشكەندەك، بىزنىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ قۇتقۇزۇلۇشقا ئېرىشىشى ئۈچۈن ئۇلارغا بۇ خۇش خەۋەرنى تارقىتىشىمىزغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار گۇناھلىرىنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىپ، چېكىگە يەتكۈزمەكتە. شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدانىڭ غەزىپى ئەمدى ئۇلارغا چۈشۈش ئالدىدا تۇرىدۇ.

پاۋلۇسنىڭ ئەنسىرىشى

17قېرىنداشلار، بىز ئامالسىز ھالدا سىلەردىن ۋاقىتلىق ئايرىلدۇق. بىز سىلەر بىلەن بىللە بولمىساقمۇ، قەلبىمىز يەنىلا سىلەر بىلەن بىللە. بىز سىلەر بىلەن يەنە بىر قېتىم دىدار كۆرۈشۈشكە ئىنتىزار بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، يېنىڭلارغا بېرىشقا ئىنتايىن تىرىشتۇق! 18بىزنىڭ يېنىڭلارغا بارغۇمىز كەلگەنىدى. بولۇپمۇ، مەنكى پاۋلۇس نەچچە قېتىم سىلەرنى يوقلاپ بارماقچى بولغان بولساممۇ، بىراق بۇنىڭغا شەيتان توسالغۇ بولدى. 19سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلاردا ئاخىرغىچە چوقۇم چىڭ تۇرىدىغانلىقىڭلارغا ئىشىنىمىز ۋە سىلەر ئۈچۈن بەك خۇشال بولىمىز. رەببىمىز ئەيسا قايتا كەلگەندە، ئۇنىڭ ئالدىدا پەخىرلىنىدىغان تاجىمىز دەل سىلەر ئەمەسمۇ؟ 20بىز ھەقىقەتەن سىلەردىن پەخىرلىنىمىز، سىلەر بىزنىڭ خۇشاللىقىمىز! 




3

1-2بىز سىلەرنىڭ خەۋىرىڭلارنى ئالالماي، تاقىتىمىز قالمىغاندا، ئۆزىمىز ئافىنا شەھىرىدە يالغۇز قېلىپ، ئالدىڭلارغا قېرىندىشىمىز ھەم خۇدا يولىدا بىز بىلەن بىللە ئەيسا مەسىھ ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى تارقىتىۋاتقان خىزمەتدىشىمىز تىموتىينى ئەۋەتىشنى قارار قىلدۇق. 3بىزنىڭ ئۇنى ئەۋەتىشىمىزدىكى مەقسىتىمىز، سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردىكى قىيىنچىلىقلار سەۋەبىدىن ئېتىقادىڭلارنىڭ تەۋرىنىپ قالماسلىقى ھەمدە سىلەرنى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئېتىقادىڭلارنى كۈچەيتىشتۇر. بىزنىڭ چوقۇم قىيىنچىلىققا ئۇچرايدىغانلىقىمىزمۇ سىلەرگە مەلۇم. 4بىز سىلەر بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىمىزدا، ھەممىمىزنىڭ قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرايدىغانلىقىمىزنى سىلەرگە ئالدىنئالا ئېيتقانىدۇق. ئەمەلىيەتتىمۇ دېگىنىمىزدەك بولدى. 5شۇ سەۋەبتىن تاقىتىم تاق بولۇپ، ئېتىقادىڭلارنىڭ زادى قانداق ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، تىموتىينى يېنىڭلارغا ئەۋەتكەنىدىم. مەن شەيتاننىڭ سىلەرنى ئازدۇرۇشى ۋە بۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ سىلەرگە سىڭدۈرگەن ئەجرىمىزنىڭ بىكارغا كېتىشىدىن ئەنسىرىگەنىدىم.

6لېكىن، يېقىندا يېنىڭلاردىن قايتىپ كەلگەن تىموتىي ئېتىقادىڭلار ۋە مېھىر-مۇھەببىتىڭلار توغرىسىدا بىزگە ياخشى خەۋەر ئېلىپ كەلدى. ئۇ سىلەرنىڭ بىزنى ھەر دائىم خۇرسەنلىك بىلەن ئەسلەپ تۇرغانلىقىڭلارنى، خۇددى بىزنىڭ سىلەرنى كۆرگۈمىز كەلگەندەك، سىلەرنىڭمۇ بىزنى كۆرگۈڭلار كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. 7قېرىنداشلار، سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلار بوشاشماپتۇ. مۇشۇنداق جاپا-مۇشەققەت ۋە قىيىنچىلىقلار ئىچىدە تۇرغان بىز بۇنىڭدىن چوڭ ئىلھام ئالدۇق. 8چۈنكى، رەببىمىزگە بولغان ئېتىقادىڭلار مۇستەھكەم بولغانلىقى ئۈچۈن، بىز ھەقىقەتەن يېڭىۋاشتىن روھلاندۇق، 9سىلەر ئۈچۈن خۇشاللىققا چۆمدۇق. بۇنداق ئەھۋالدا بىز خۇدانىڭ ئالدىدا سىلەر ئۈچۈن قانداقمۇ تەشەككۈر ئېيتماي تۇرالايمىز! 10سىلەر بىلەن دىدار كۆرۈشۈش ۋە ئېتىقادىڭلاردىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تۈزىتىشكە ياردەم بېرەلىشىمىز ئۈچۈن، كېچە-كۈندۈز چىن قەلبىمىزدىن خۇداغا دۇئا قىلماقتىمىز.

11ئاتىمىز خۇدا ۋە رەببىمىز ئەيسا بىزنىڭ سىلەر بىلەن كۆرۈشۈشىمىزگە يول ئاچقاي. 12رەببىمىز سىلەرنىڭ بىر-بىرىڭلارغا ۋە ھەممە ئادەملەرگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭلارنى بىزنىڭ سىلەرگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمىزدەك تولۇپ تاشتۇرغاي. 13ھەم شۇ ئارقىلىق، رەببىمىز ئەيسا ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان بارلىق مۇقەددەس خەلقى بىلەن بىللە قايتىپ كەلگىنىدە، سىلەرنىڭ ئاتىمىز خۇدانىڭ ئالدىدا ئەيىبسىز ۋە پاك بولۇشۇڭلار ئۈچۈن ئىرادەڭلارنى مۇستەھكەم قىلغاي!




4

خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان ھايات يولى

1قېرىنداشلار، ئاخىردا بىز يەنە شۇنى دېمەكچىمىزكى، خۇدانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن قانداق ياشاش كېرەكلىكىنى بىزدىن ئۆگىنىۋالدىڭلار ھەمدە سىلەر ئەمەلىيىتىڭلاردىمۇ بىزدىن ئۆگەنگىنىڭلار بويىچە شۇنداق ياشاۋاتىسىلەر. ئەمدى خۇدانى خۇرسەن قىلىشقا تېخىمۇ تىرىشىشىڭلارنى رەببىمىز ئەيسانىڭ نامى بىلەن سورايمىز. 2چۈنكى، سىلەر بىزنىڭ رەببىمىز ئەيسانىڭ نامى بىلەن سىلەرگە يەتكۈزگەن تەلىملىرىمىزنى بىلىسىلەر. 3خۇدانىڭ ئىرادىسى شۇكى، پاك بولۇڭلار ۋە جىنسىي ئەخلاقسىزلىقتىن ساقلىنىڭلار؛ 4-5ھەربىرىڭلار خۇدانى تونۇمايدىغان ئادەملەردەك شەھۋانىي ھەۋەسلەرگە بېرىلمەي، بەلكى تېنىڭلاردىكى بۇ ھەۋەسلەرنى باشقۇرۇپ، پاك ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىڭلار بىلەن ھايات كەچۈرۈڭلار.*6بۇ يامان ئىشلاردا قېرىنداشلىرىڭلارنى ئالداپ، ئۇلاردىن پايدىلىنىپ كەتمەڭلار. ئىلگىرى سىلەرنى ئاگاھلاندۇرغىنىمىزدەك، رەببىمىز مانا شۇنداق گۇناھلار تۈپەيلىدىن ئىنسانلارنى جازالايدۇ. 7چۈنكى، خۇدا بىزنى ناپاك ئەمەس، بەلكى پاك ياشاشقا چاقىردى. 8شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ تەلىمنى رەت قىلغان كىشى ئىنساننى ئەمەس، بەلكى سىلەرگە مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان خۇدانى رەت قىلغان بولىدۇ.

9قېرىنداشلىق مېھىر-مۇھەببىتىگە كەلسەك، بۇ توغرىسىدا سىلەرگە خەت يېزىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى، خۇدا بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشنى ئۆگەتكەن. 10ئەمەلىيەتتە، سىلەر پۈتۈن ماكېدونىيە ئۆلكىسىدىكى قېرىنداشلارغا شۇنداق قىلىۋاتىسىلەر. شۇنداق بولسىمۇ، قېرىنداشلار، مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشتە تېخىمۇ تىرىشىشىڭلارنى سورايمىز. 11سىلەرگە تاپىلىغىنىمىزدەك، تىنچ-ئامان ھايات كەچۈرۈشكە، باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشماي، ئۆز ئىشىڭلار بىلەن بولۇشقا ۋە ئىككى بىلىكىڭلارغا تايىنىپ ياشاشقا تىرىشىڭلار. 12مانا شۇنداق قىلساڭلار، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ سىرتىدىكى كىشىلەر ئالدىدا ئىززەت-ھۆرمەتكە ئىگە بولۇپ ياشىيالايسىلەر ۋە ئىقتىساد جەھەتتە ھېچكىمگە بېقىنمايسىلەر.

ئەيسا مەسىھنىڭ قايتا كېلىشى

13قېرىنداشلار، سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلماي ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ياشاۋاتقان كىشىلەردەك ھەسرەت چەكمەسلىكىڭلار ئۈچۈن، بىز، ئالەمدىن ئۆتكەن ئېتىقادچىلار توغرىسىدىكى ھەقىقەتتىن خەۋەردار بولۇشۇڭلارنى خالايمىز. 14ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆلۈپ تىرىلگەنلىكىگە ئىشەنگەنىكەنمىز، ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگەندە خۇدانىڭ ئالەمدىن ئۆتكەن ئېتىقادچىلارنى ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىشىمىز كېرەك. 15بىز ھازىر رەببىمىزنىڭ سۆزى بويىچە سىلەرگە شۇنى ئېيتىمىزكى، رەببىمىز قايتا كەلگەندە، بىز ھايات ياشاۋاتقانلار ھەرگىزمۇ ئۆلۈپ كەتكەن ئېتىقادچىلاردىن ئاۋۋال رەببىمىز بىلەن جەم بولالمايمىز. 16رەببىمىز ئۆزى بىر پەرمان ئارقىلىق باش پەرىشتىنىڭ ئاۋازى ۋە خۇدا ياڭراتقان كاناي ساداسى بىلەن ئاسماندىن چۈشىدۇ. ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەنلەر ئاۋۋال تىرىلىدۇ. 17كېيىن ھايات ياشاۋاتقان بىزلەر، يەنى بۇ دۇنيادا ھايات كەچۈرۈۋاتقانلار ئاشۇ ئۆلگەنلەر بىلەن بىرلىكتە رەببىمىز بىلەن ئاسماندا كۆرۈشۈش ئۈچۈن، بۇلۇتلار ئارىسىغا كۆتۈرۈلىمىز. شۇنىڭدىن كېيىن، رەببىمىز بىلەن مەڭگۈ بىرگە بولىمىز. 18شۇڭا، بىر-بىرىڭلارنى بۇ سۆزلەر بىلەن رىغبەتلەندۈرۈڭلار.



*4-5جۈملىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بۆلىكىنى «پاكلىقىڭلار ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىڭلار بىلەن بىر ئايال ھەمراھ تېپىڭلار» ياكى «پاكلىقىڭلار ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىڭلارنى ساقلاپ، ئايالىڭلار بىلەن ياشاڭلار» دەپمۇ چۈشىنىشكە بولىدۇ.



 

5

رەببىمىزنىڭ قايتا كېلىشىنى كۈتۈۋېلىش

1قېرىنداشلار، سىلەرگە بۇ ئىشلارنىڭ قاچان يۈز بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا يېزىشىم ھاجەتسىز. 2چۈنكى، سىلەرمۇ ياخشى بىلىسىلەر، رەببىمىزنىڭ قايتا كېلىدىغان كۈنى خۇددى كېچىدىكى ئوغرىنىڭ كېلىشىگە ئوخشاش تۇيۇقسىز كېلىدۇ. 3كىشىلەر «دۇنيا تىنچ-ئامان» دەپ تۇرغاندا، تاسادىپىي ئۇلارغا ھالاكەت كېلىدۇ. بۇ خۇددى ھامىلىدار ئايالنىڭ تولغىقى ئۇشتۇمتۇت تۇتقىنىغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ. 4لېكىن، قېرىنداشلار، سىلەر ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن، قاراڭغۇلۇقتا ئەمەسسىلەر. شۇڭا، ئۇ كۈن سىلەرنى ئوغرىغا ئوخشاش چۆچۈتۈپ كەلمەيدۇ. 5بىز ھەممىمىز كۈندۈزنىڭ، يەنى يورۇقلۇقنىڭ پەرزەنتلىرىمىز. ھەممىمىز كېچىنىڭ، يەنى گۇناھنىڭ قاراڭغۇلۇقىغا مەنسۇپ ئەمەسمىز. 6شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغانلاردەك ئۇخلاپ ياتمايلى. ئەكسىچە، سەگەك ۋە ھوشيار بولايلى. 7ئۇخلايدىغانلار كېچىسى ئۇخلايدۇ، مەس بولىدىغانلارمۇ كېچىسى مەس بولىدۇ. 8يورۇقلۇققا مەنسۇپ بولغان بىزلەر بولساق ئۈستىمىزگە ئېتىقاد ۋە مېھىر-مۇھەببەت ساۋۇتىنى، بېشىمىزغا قۇتقۇزۇلۇش ئۈمىدىنىڭ دۇبۇلغىسىنى كىيىپ، ئۆزىمىزنى سەگەك تۇتۇشىمىز كېرەك. 9چۈنكى، خۇدا بىزنى ئۆز غەزىپىگە ئۇچرىسۇن دەپ ئەمەس، بەلكى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلسۇن، دەپ تاللىغاندۇر. 10ئەيسا مەسىھ بىز ئۈچۈن ئۆلدى. بۇنىڭدىكى مەقسەت، ئۇ قايتا كەلگەندە، بىز مەيلى ھايات ياكى ئۆلگەن بولايلى، بىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىللە مەڭگۈ ياشىشىمىز ئۈچۈندۇر. 11شۇنىڭ ئۈچۈن، ھازىرمۇ بىر-بىرىڭلارنى بۇرۇنقىغا ئوخشاش داۋاملىق رىغبەتلەندۈرۈپ، بىر-بىرىڭلارنىڭ ئېتىقادىنى كۈچەيتىڭلار.

ئاخىرقى تەلىم ۋە سالاملار

12قېرىنداشلار، ئاراڭلاردا جاپالىق ئىشلەۋاتقان ۋە رەببىمىزنىڭ يولىدا سىلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ، نەسىھەت قىلىۋاتقانلارنى قەدىرلىشىڭلارنى سورايمىز. 13ئۇلارنىڭ بۇ خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئۇلارغا چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە مۇھەببىتىڭلار بىلەن مۇئامىلە قىلىڭلار. بىر-بىرىڭلار بىلەن ئىناق ئۆتۈڭلار. 14قېرىنداشلار، سىلەردىن ئۆتۈنىمىزكى، بىكار تەلەپلەرنى ئويغىتىڭلار، يۈرەكسىزلەرنى رىغبەتلەندۈرۈڭلار، ئاجىزلىقى بولغانلارغا يار-يۆلەك بولۇڭلار ۋە ھەممە ئادەمگە سەۋرچان بولۇڭلار. 15ھېچقايسىڭلار يامانلىققا يامانلىق قايتۇرماڭلار. ئەكسىچە، بىر-بىرىڭلارغا ۋە بارلىق كىشىلەرگە ھەمىشە ياخشىلىق قىلىشنى نىيەت قىلىڭلار.

16ھەر دائىم خۇشال-خۇرام بولۇڭلار. 17ھەمىشە دۇئا قىلىڭلار. 18ھەرقانداق ئەھۋالدا خۇداغا شۈكۈر ئېيتىڭلار. چۈنكى، مانا بۇلار خۇدانىڭ ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان سىلەرگە قاراتقان ئىرادىسىدۇر. 19مۇقەددەس روھنىڭ قەلبىڭلاردىكى ئوتىنى ئۆچۈرمەڭلار. 20ئاراڭلاردا يەتكۈزۈلگەن ۋەھىيلەرگە سەل قارىماڭلار. 21ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، ھەقىقەتەن خۇدادىن كەلگەن ياكى كەلمىگەنلىكىنى پەرق ئېتىپ، خۇدادىن كەلگەن ۋەھىينى قوبۇل قىلىڭلار. 22ھەر خىل يامانلىقلاردىن يىراق تۇرۇڭلار.

23بىزگە ئامانلىق ئاتا قىلغۇچى خۇدا ئۆزى سىلەرنى تەلتۆكۈس پاك قىلغاي. رەببىمىز ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگۈچە خۇدا روھىڭلار، جېنىڭلار ۋە تېنىڭلارنى ئەيىبسىز ساقلىغاي. 24سىلەرنى چاقىرغان خۇدا جەزمەن شۇنداق قىلىدۇ. ئۇ ئىشەنچلىكتۇر!

25قېرىنداشلار، بىز ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار. 26ھەممە قېرىنداشلار بىلەن مېھرىبانلارچە سالاملىشىڭلار. 27رەببىمىزنىڭ نامى بىلەن سىلەرنىڭ بۇ خەتنى شۇ يەردىكى ھەممە قېرىنداشلارغا ئوقۇپ بېرىشىڭلارنى تاپىلايمەن.

28رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى سىلەرگە يار بولغاي!

Leave a Reply

Your email address will not be published.


*