« ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر »




1


چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيانىڭ تەلىم بېرىشى

1خۇدانىڭ ئوغلى* ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەر مۇنداق باشلىنىدۇ: 2يەشايا پەيغەمبەرنىڭ يازمىسىدا خۇدانىڭ مۇنۇ سۆزلىرى خاتىرىلەنگەن:

«مانا، ئالدىڭدا ئەلچىمنى ئەۋەتىمەن.

ئۇ سېنىڭ يولۇڭنى ئالدىنئالا تەييارلايدۇ.»

3ئۇ بولسا: «باياۋاندا: ‹دىلىڭلارنى رەببىمىزنىڭ كېلىشىگە تەييار قىلىڭلار!

ئۇنىڭ يوللىرىنى تۈز قىلىڭلار!›» دەپ توۋلايدىغان كىشىدۇر.

4دەرۋەقە، چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا چۆل-باياۋاندا پەيدا بولۇپ، كىشىلەرگە:

_ يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، توۋا قىلىڭلار! توۋا قىلغانلىقىڭلارنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىڭلار. شۇنداق قىلغاندا، خۇدا سىلەرنى كەچۈرۈم قىلىدۇ! _ دەپ جاكارلىدى.

5كىشىلەر يېرۇسالېم شەھىرىدىن، جۈملىدىن پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىشىپ، گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىشتى ۋە ئۇنىڭ ئۆزلىرىنى ئىئوردان دەرياسىدا چۆمۈلدۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشتى. 6يەھيا پەيغەمبەر تۆگە يۇڭىدىن كىيىم كىيگەن، بېلىگە كۆن تاسما باغلىغانىدى. يەيدىغىنى چېكەتكە بىلەن ياۋا ھەرە ھەسىلى ئىدى. 7ئۇ مۇنداق دەپ جاكارلايتتى:

_ مەندىن كېيىن تېخىمۇ قۇدرەتلىك بىرى كېلىدۇ. مەن ھەتتا ئېڭىشىپ ئۇنىڭ ئايىغىنىڭ يىپلىرىنى يېشىشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن! 8مەن سىلەرنى سۇغىلا چۆمۈلدۈرىمەن، لېكىن ئۇ سىلەرنى مۇقەددەس روھقا چۆمۈلدۈرىدۇ.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشى ۋە سىنىلىشى

9شۇ كۈنلەردە، ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيە ئۆلكىسىنىڭ ناسىرە شەھىرىدىن كېلىپ، يەھيا پەيغەمبەر تەرىپىدىن ئىئوردان دەرياسىدا چۆمۈلدۈرۈلدى. 10ئۇ سۇدىن چىقىپلا، ئاسماننىڭ يېرىلىپ، مۇقەددەس روھنىڭ كەپتەر ھالىتىدە ئاسماندىن چۈشۈپ، ئۆز ئۈستىگە قونۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. 11ئاندىن، ئەرشتىن خۇدانىڭ: «سەن مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، مەن سەندىن خۇرسەنمەن!» دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.

12مۇقەددەس روھ ھەزرىتى ئەيسانى شۇئان چۆل-باياۋانغا ئېلىپ كەلدى. 13ئۇ چۆلدە قىرىق كۈن تۇرۇپ، شەيتان تەرىپىدىن سىنالدى. ئۇ ياۋايى ھايۋاناتلار ياشايدىغان يەردە بولغان شۇ جەرياندا، پەرىشتىلەر ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولدى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ تۆت بېلىقچىنى چاقىرىشى

14يەھيا پەيغەمبەر تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيە ئۆلكىسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ: 15«ۋاقىت-سائەت يېتىپ كەلدى. خۇدانىڭ پادىشاھلىقى نامايان بولۇش ئالدىدا تۇرىدۇ! شۇڭا، توۋا قىلىڭلار، خۇش خەۋەرگە ئىشىنىڭلار!» دەپ، خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى جاكارلاشقا باشلىدى.

16بىر كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيە كۆلى بويىدا كېتىۋېتىپ، سىمۇن بىلەن ئىنىسى ئەندەرنى كۆردى. ئۇلار بېلىقچى بولۇپ، كۆلگە تور سېلىۋاتاتتى. 17ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:

_ ماڭا ئەگىشىڭلار، مەن سىلەرنى بېلىق تۇتۇشنىڭ ئورنىغا، ماڭا ئادەم تۇتىدىغان قىلىمەن، _ دېدى. 18ئۇلار شۇئان بېلىق تورلىرىنى تاشلاپ، ھەزرىتى ئەيسا بىلەن ماڭدى. 19كۆل بويىدا بىرئاز ماڭغاندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرى ياقۇپ بىلەن يۇھاننانى كۆردى. ئۇلار كېمىدە تورلىرىنى ئوڭشاۋاتاتتى. 20ھەزرىتى ئەيسا دەرھال ئۇلارنى شاگىرتلىققا چاقىردى. ئۇلار ئاتىسى زەبەدىينى مەدىكارلار بىلەن بىللە كېمىدە قالدۇرۇپ، ئۆزلىرى ھەزرىتى ئەيسا بىلەن ماڭدى.

جىن چاپلاشقان ئادەمنىڭ ساقايتىلىشى

21ئۇلار كەپەرناھۇم شەھىرىگە كىردى. دەم ئېلىش كۈنى ھەزرىتى ئەيسا ئىبادەتخانىغا كىرىپ، تەلىم بېرىشكە باشلىدى. 22خالايىق ئۇنىڭ تەلىملىرىگە ھەيران قېلىشتى. چۈنكى، ئۇنىڭ تەلىملىرى نوپۇزلۇق ئىدى، تەۋرات ئۇستازلىرىنىڭكىگە ئوخشىمايتتى.

23ئىبادەتخانىدا جىن چاپلاشقان بىر كىشى بار ئىدى. دەل شۇ چاغدا، ئۇ:

24_ ئەي ناسىرەلىك ئەيسا، بىز بىلەن كارىڭ بولمىسۇن! بىزنى يوقاتماقچىمۇسەن؟ مەن سېنىڭ كىملىكىڭنى بىلىمەن. خۇدا ئەۋەتكەن مۇقەددەس بولغۇچىسەن! _ دەپ توۋلاپ كەتتى.

25ھەزرىتى ئەيسا ئۇنى سۆزلىتىۋاتقان جىنغا بۇيرۇق قىلىپ:

_ ئاغزىڭنى يۇم، بۇ ئادەمنىڭ تېنىدىن چىق! _ دېدى.

26جىن ھېلىقى ئادەمنىڭ بەدىنىنى قاتتىق تارتىشتۇردى ۋە پەرياد كۆتۈرگىنىچە ئۇنىڭ تېنىدىن چىقىپ كەتتى.

27بۇنىڭدىن ھەيران بولغان كۆپچىلىك بىر-بىرىگە:

_ بۇ قانداق ئىش؟ يىپيېڭى بىر تەلىمغۇ! ئۇ دەرۋەقە جىنلارغا بۇيرۇق قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەن! ئۇلارمۇ ئۇنىڭ سۆزىگە بويسۇنىدىكەن، _ دېيىشتى. 28بۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا توغرىسىدىكى خەۋەرلەر تېزلىكتە پۈتۈن جەلىلىيە ئۆلكىسىگە تارقالدى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ نۇرغۇن بىمارلارنى ساقايتىشى

29ھەزرىتى ئەيسا ئىبادەتخانىدىن چىقىپلا، سىمۇن ۋە ئەندەر بىلەن بىللە ئۇلارنىڭ ئۆيىگە باردى. ياقۇپ ۋە يۇھاننامۇ ئۇلار بىلەن بىرگە باردى. 30سىمۇننىڭ قېينانىسى قىزىتما ئىچىدە ياتاتتى. ئۇنىڭ ئەھۋالى ھەزرىتى ئەيساغا دەرھال مەلۇم قىلىندى. 31ھەزرىتى ئەيسا بىمارنىڭ قېشىغا كىرىپ، قولىدىن تۇتۇپ يۆلەپ، ئۆرە تۇرغۇزدى. ئايالنىڭ قىزىتمىسى دەرھال يېنىپ، ئۇلارنى كۈتۈشكە باشلىدى.

32كەچقۇرۇن كۈن پاتقاندا، كىشىلەر بارلىق بىمارلارنى ۋە جىن چاپلاشقانلارنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. 33پۈتۈن شەھەردىكىلەر ئىشىك ئالدىغا توپلاشقانىدى. 34ھەزرىتى ئەيسا ھەر خىل كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان نۇرغۇن كىشىلەرنى ساقايتتى. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تېنىدىكى جىنلارنى ھەيدەپ، جىنلارنىڭ ئۆزى ھەققىدە ئېغىز ئېچىشىغا يول قويمىدى. چۈنكى، جىنلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىشەتتى.

جەلىلىيىدە تەلىم بېرىش

35ئەتىسى ئەتىگەن تاڭ تېخى سۈزۈلمەستىنلا، ھەزرىتى ئەيسا ئورنىدىن تۇرۇپ، شەھەر سىرتىدىكى خىلۋەت بىر يەرگە بېرىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلدى. 36سىمۇن بىلەن ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ھەزرىتى ئەيسانى ئىزدەپ چىقىپ، 37ئۇنى تاپقاندا:

_ ھەممەيلەن سىزنى ئىزدىشىۋاتىدۇ! _ دېيىشتى. 38بىراق، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:

_ يېقىن ئەتراپتىكى يېزىلارغىمۇ بارمىساق بولمايدۇ. ئۇ يەردىمۇ خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزۈشۈم كېرەك. چۈنكى، مەن مۇشۇ ئىش بىلەن كەلدىم، _ دېدى. 39شۇنداق قىلىپ، ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيە ئۆلكىسىنىڭ ھەممە يېرىگە بېرىپ، ئىبادەتخانىلاردا تەلىم بەردى ھەمدە كىشىلەرنىڭ تېنىدىكى جىنلارنى ھەيدىدى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ ماخاۋ كېسەلنى ساقايتىشى

40ماخاۋ كېسىلىگە* گىرىپتار بولغان بىر كىشى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ، تىزلىنىپ تۇرۇپ:

_ تەقسىر، ئەگەر خالىسىڭىز، مېنى كېسىلىمدىن ساقايتىپ پاك قىلغايسىز! _ دەپ يالۋۇردى.

41ئىچى ئاغرىغان ھەزرىتى ئەيسا قولىنى ئۇنىڭغا تەگكۈزۈپ تۇرۇپ:

_ خالايمەن، پاك بولغىن! _ دېۋىدى، 42ئۇ ئادەم شۇئان ماخاۋ كېسىلىدىن ساقىيىپ، پاكپاكىز بولدى. 4344ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:

_ ھازىر بۇ ئىشنى ھېچكىمگە تىنما، لېكىن ئۇدۇل مەركىزىي ئىبادەتخانىغا بېرىپ، روھانىيغا ئۆزۈڭنىڭ ساقايغانلىقىڭنى كۆرسەت. ئاندىن، بۇنى باشقىلارغا ئىسپاتلاش ئۈچۈن، مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ئەمرى بويىچە ماخاۋ كېسىلىدىن ساقايغانلار قىلىشقا تېگىشلىك قۇربانلىقنى قىل، _ دەپ، ئۇنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ يولغا سالدى.

45بىراق، ئۇ ئادەم چىقىپ، بۇ ئىشنى ھەممە يەرگە يېيىۋەتتى. نەتىجىدە، خالايىقنىڭ ئۆزىنىڭ ئەتراپىغا توپلىنىۋالماسلىقى ئۈچۈن، ھەزرىتى ئەيسا ھېچقانداق شەھەرگە ئاشكارا بارالماي، شەھەر سىرتىدىكى خىلۋەت جايلاردا تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. شۇنداقتىمۇ، ھەر يەردىن كەلگەن خەلق ئۇنى يەنىلا ئىزدەپ تۇردى.



*1خۇدانىڭ ئوغلى _ بۇ نام ھەرگىزمۇ خۇدا بىلەن ھەزرىتى ئەيسا ئوتتۇرىسىدىكى جىسمانىي جەھەتتىكى ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋەتنى ئەمەس، بەلكى روھىي جەھەتتىكى مۇناسىۋەتنى بىلدۈرىدۇ.

*40ماخاۋ كېسىلى _ بىر خىل قورقۇنچلۇق تېرە كېسىلى بولۇپ، يەھۇدىيلار بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنى ناپاك، دەپ قارايتتى.



 

2

ھەزرىتى ئەيسانىڭ پالەچ ئادەمنى ساقايتىشى

1بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا كەپەرناھۇمدىكى بۇرۇن تۇرغان ئۆيگە يەنە كەلدى. ئۇنىڭ كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر تارقىلىش بىلەنلا، 2ئۇ يەرگە شۇنچىلىك كۆپ ئادەم يىغىلدىكى، ھەتتا ئىشىك ئالدىدىمۇ پۇت تىققۇدەك يەر قالمىغانىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزۈۋاتاتتى. 3شۇ ئەسنادا، ئۇنىڭ يېنىغا پالەچ بىر ئادەمنى تۆت كىشى كۆتۈرۈپ ئېلىپ كەلدى. 4ئۇلار ئادەمنىڭ تولىلىقىدىن ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىغا بارالماي، ئۇ تەلىم بېرىۋاتقان ئۆينىڭ ئۆگزىسىنى تېشىپ، بىمارنى ياتقان ئورۇن-كۆرپىسى بىلەن ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا چۈشۈردى. 5ئۇلارنىڭ ئىشەنچىنى كۆرگەن ھەزرىتى ئەيسا ھېلىقى پالەچكە:

_ ئوغلۇم، سېنىڭ گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى، _ دېدى.

6ئۇ يەردە ئولتۇرغان بەزى تەۋرات ئۇستازلىرى كۆڭلىدە: 7«بۇ ئادەم نېمە ئۈچۈن مۇنداق دەيدۇ؟ بۇ كۇپۇرلۇققۇ! خۇدادىن باشقا ھېچكىمنىڭ گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقى يوققۇ!» دېيىشتى.

8ئۇلارنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى شۇئان بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ سىلەر بۇنى نېمە ئۈچۈن كۇپۇرلۇق دەيسىلەر؟ 9«گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى!» دېيىش ئاسانمۇ ياكى «ئورنۇڭدىن تۇر، ئورۇن-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ماڭ!» دېيىشمۇ؟ ئەلۋەتتە، ئېيتماق ئاسان، قىلماق تەس. 10ئەمما، ھازىر ئىنسانئوغلىنىڭ* يەر يۈزىدە گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەي، _ دېدى. ئاندىن، پالەچ كېسەلگە:

11_ ئورنۇڭدىن تۇر، ئورۇن-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ئۆيۈڭگە قايت! _ دەپ بۇيرۇدى. 12ھېلىقى ئادەم ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، ئورۇن-كۆرپىسىنى يىغىشتۇردى ۋە ھەممەيلەننىڭ كۆز ئالدىدا ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. ھەيران قالغان خالايىق خۇدانى مەدھىيىلىشىپ:

_ بۇنداق ئىشنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغانىدۇق، _ دېيىشتى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ لاۋىينى شاگىرتلىققا چاقىرىشى

13ھەزرىتى ئەيسا يەنە كۆل بويىغا قاراپ ماڭدى. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ ئەتراپىغا توپلىشىۋالدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا تەلىم بەردى.

14ھەزرىتى ئەيسا يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، باج يىغىدىغان جايدا ئولتۇرغان ئالفاينىڭ ئوغلى لاۋىينى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا:

_ ماڭا ئەگەشكىن، _ دېدى. لاۋىي ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئەگەشتى.

15كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا لاۋىينىڭ ئۆيىدە مېھماندارچىلىقتا بولۇۋاتقاندا، تەكلىپ قىلىنغان نۇرغۇن باجگىرلار* ۋە شۇلاردەك گۇناھكار دەپ قارالغان بىر قىسىم كىشىلەرمۇ ھەزرىتى ئەيسا ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرى بىلەن ھەمداستىخان بولدى. ھەزرىتى ئەيساغا ئەگەشكەنلەر ئىچىدە گۇناھكار دەپ قارالغان بۇنداق كىشىلەر خېلى كۆپ ئىدى. 16پەرىسىي* دىنىي ئېقىمىدىكى بەزى تەۋرات ئۇستازلىرى ئۇنىڭ گۇناھكار دەپ قارالغانلار ۋە باجگىرلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، شاگىرتلىرىغا:

_ ئۇنىڭ باجگىر ۋە گۇناھكارلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرغىنى قانداق گەپ؟! _ دېيىشتى. 17بۇنى ئاڭلىغان ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:

_ ساغلام ئادەم ئەمەس، بەلكى كېسەل ئادەم تېۋىپقا موھتاجدۇر. مەن ئۆزلىرىنى دۇرۇس ھېسابلايدىغانلارنى ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى تونۇيدىغانلارنى چاقىرغىلى كەلدىم، _ دېدى.

كونىغا ئېسىلىۋالماسلىق

18يەھيا پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتلىرى بىلەن پەرىسىيلەر روزا تۇتاتتى. بەزى كىشىلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ:

_ يەھيا پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتلىرى ۋە پەرىسىيلەر روزا تۇتىدۇ، سىزنىڭ شاگىرتلىرىڭىز نېمىشقا تۇتمايدۇ؟ _ دەپ سوراشتى.

19ھەزرىتى ئەيسا جاۋابەن مۇنداق دېدى:

_ تويى بولۇۋاتقان يىگىت تېخى توي زىياپىتىدە تۇرغان چاغدا، مېھمانلار ھەسرەت چېكىۋاتقان ئادەملەردەك روزا تۇتسا قانداق بولغىنى؟! ئەلۋەتتە بولمايدۇ! 20ئەمما، يىگىتنىڭ ئۇلاردىن ئېلىپ كېتىلىدىغان كۈنى كېلىدۇ، ئەنە شۇ چاغدا ئۇلار قايغۇ-ھەسرەت چەككىنىدىن روزا تۇتىدۇ.

21ھېچكىم كونا كۆڭلەككە كىرىشىپ كېتىدىغان يېڭى رەختتىن ياماق سالمايدۇ. ئۇنداق قىلسا، كىيىم يۇيۇلغاندا يېڭى ياماق كىرىشىپ، كىيىمنى يىرتىپ تاشلايدۇ. نەتىجىدە، يىرتىق تېخىمۇ يوغىناپ كېتىدۇ. 22شۇنىڭدەك، ھېچكىم يېڭى شارابنى كونا تۇلۇمغا قاچىلىمايدۇ. ئەگەر ئۇنداق قىلسا، يېڭى شارابنىڭ كۆپۈشى بىلەن تۇلۇم يېرىلىدۇ-دە، شارابمۇ، تۇلۇممۇ كاردىن چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، يېڭى شارابنى يېڭى تۇلۇمغا قاچىلاش كېرەك.

دەم ئېلىش كۈنى ھەققىدىكى مەسىلە

23بىر دەم ئېلىش كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا بۇغدايلىقتىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. بىللە كېتىۋاتقان شاگىرتلىرى باشاقلارنى ئۈزۈۋېلىپ، يېيىشكە باشلىدى. 24پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيساغا:

_ شاگىرتلىرىڭىز نېمىشقا دەم ئېلىش كۈنى چەكلەنگەن ئىشنى* قىلىدۇ، _ دېيىشتى.

25ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:

_ پادىشاھ داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ ئاچ ۋە موھتاجلىقتا قالغاندا قانداق قىلغانلىقىنى مۇقەددەس يازمىلاردىن ئوقۇمىغانمۇ؟ 26باش روھانىي ئاۋىياتارنىڭ ۋاقتىدا، پادىشاھ داۋۇت ئىبادەتخانىدىكى مۇقەددەس جايغا كىرىپ، خۇداغا ئاتالغان نانلارنى روھانىيدىن سوراپ يېگەن ھەم ھەمراھلىرىغىمۇ بەرگەن. ھالبۇكى، بۇ نانلارنى روھانىيلاردىن باشقا ھەرقانداق كىشىنىڭ يېيىشى تەۋرات قانۇنىغا خىلاپ ئىدى، _ دېدى. 27ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا يەنە:

_ ئىنسان دەم ئېلىش كۈنى ئۈچۈن ئەمەس، دەم ئېلىش كۈنى ئىنسان ئۈچۈن يارىتىلدى. 28شۇنىڭ ئۈچۈن، مەن ئىنسانئوغلى دەم ئېلىش كۈنىنىڭمۇ ئىگىسىدۇرمەن، _ دېدى.



*10مۇقەددەس يازمىلاردا «ئىنسانئوغلى» دىن ئىبارەت ئەۋەتىلگۈچىنىڭ خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە شان-شەرىپى بىلەن ئەرشتىن چۈشۈپ، پۈتكۈل ئىنسانلارنى مەڭگۈ باشقۇرىدىغانلىقى ئالدىن ئېيتىلغان. ھەزرىتى ئەيسا بۇ نامنى ئۆزى ھەققىدە ئىشلەتكەن.

*15باجگىرلار _ ئىسرائىلىيىنى ئىشغال قىلغان رىملىقلار ئۈچۈن ئۆز خەلقىدىن باج يىغىپ بېرىدىغان ۋە شۇ سەۋەبتىن نەپرەتكە ئۇچرىغان يەھۇدىيلار.

*16پەرىسىيلەر _ يەھۇدىي دىنىغا تەۋە بولغان، تەۋرات تۈزۈملىرىگە قاتتىق رىئايە قىلىدىغان مەزھەپتىكى كىشىلەر.

*24يەھۇدىيلارنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە، دەم ئېلىش كۈنى خامان تېپىش قائىدىگە خىلاپ ئىدى. پەرىسىيلەر شاگىرتلارنىڭ دانلارنى يېيىش ئۈچۈن ئاقلىشىنى خامان تەپكەنلىك، دەپ قارىغان. ئەمەلىيەتتە، مەنئى قىلىنغىنى باشاقلارنى ئۈزۈۋېلىپ، يېيىش ئەمەس، بەلكى زىرائەتلەرگە ئورغاق سېلىشتۇر.



 

3

قولى قۇرۇپ كەتكەن بىمارنىڭ ساقايتىلىشى

1ھەزرىتى ئەيسا يەنە ئىبادەتخانىغا كىردى. ئىبادەتخانىدا بىر قولى قۇرۇپ كەتكەن بىر ئادەم بار ئىدى. 2بەزىلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىش ئۈچۈن باھانە ئىزدەش مەقسىتىدە ئۇنىڭ دەم ئېلىش كۈنىمۇ كېسەل ساقايتىدىغان-ساقايتمايدىغانلىقىنى پايلاپ يۈرۈشەتتى. 3ھەزرىتى ئەيسا قولى قۇرۇپ كەتكەن كېسەلگە:

_ ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، ئالدىغا چىق! _ دېدى.

4ئاندىن، ئىبادەتخانىدىكىلەردىن:

_ قانداق قىلىش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇن؟ دەم ئېلىش كۈنى ياخشىلىق قىلىشمۇ ياكى يامانلىق قىلىشمۇ؟ جاننى قۇتقۇزۇشمۇ ياكى ھالاك قىلىشمۇ؟ _ دەپ سورىدى. ئۇلار زۇۋان سۈرۈشمىدى.

5ھەزرىتى ئەيسا ئەتراپىدىكىلەرگە غەزەپ بىلەن كۆز يۈگۈرتتى. ئۇلارنىڭ تەرسالىقى ئۇنى ئېچىندۇرغانىدى. ئاندىن كېيىن، ئۇ ھېلىقى كېسەلگە:

_ قولۇڭنى ئۇزات! _ دېدى. ئۇ ئادەم قولىنى ئۇزىتىشى بىلەنلا قولى ئەسلىگە كەلدى. 6بۇنىڭ بىلەن، پەرىسىيلەر تاشقىرىغا چىقىپ، ھەزرىتى ئەيسانى قانداق جايلىۋېتىش ھەققىدە ھىرود پادىشاھنىڭ تەرەپدارلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىشكە باشلىدى.

كۆل بويىدىكى خالايىق

7ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن بىللە ئۇ يەردىن ئايرىلىپ كۆل بويىغا كەتتى، جەلىلىيە ئۆلكىسىدىن نۇرغۇن خالايىق ئۇنىڭغا ئەگىشىپ باردى. 8ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى ئاڭلىغان يەنە نۇرغۇن خالايىق يېرۇسالېم شەھىرى، پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسى، ئىدۇمېيا ئۆلكىسى، ئىئوردان دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپى، تىر ۋە سىدون شەھەرلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى جايلاردىن سەلدەك ئېقىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىشتى. 9ھەزرىتى ئەيسا خالايىقنىڭ ئارىسىدا قىستىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن، شاگىرتلىرىغا كىچىك بىر كېمە تەييارلاپ قويۇشنى بۇيرۇدى. 10چۈنكى، ئۇ نۇرغۇن بىمارلارنى ساقايتقاچقا، ھەر خىل كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئۇچىسىنى سىلىۋېلىش ئۈچۈن قىستىشىپ كېلىشكەنىدى. 11قاچانلا بولمىسۇن، جىن چاپلىشىۋالغانلار ھەزرىتى ئەيسانى كۆرسە، ئۇنىڭ ئايىغىغا باش قويۇپ: «سەن خۇدانىڭ ئوغلىسەن!» دەپ ۋارقىرىشاتتى. 12لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىماسلىقنى قاتتىق جېكىلەيتتى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئون ئىككى ئەلچىنى تاللىشى

13ھەزرىتى ئەيسا بىر تاغقا چىقىپ، ئۆزى خالىغان كىشىلەرنى يېنىغا چاقىردى. چاقىرىلغانلار ئۇنىڭ يېنىغا كېلىشتى. 14ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن ئون ئىككى كىشىنى ئەلچى دەپ ئاتاپ، ئۇلارنى ئۆزى بىلەن بىللە بولۇش، خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزۈش 15ۋە جىنلارنى ھەيدەش ھوقۇقىغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن تاللىدى.

16بۇ ئون ئىككى كىشى: سىمۇن (ھەزرىتى ئەيسا ئۇنى پېترۇس دەپمۇ ئاتىغان)، 17زەبەدىينىڭ ئوغلى ياقۇپ ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى يۇھاننا، (ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى «بېنى رەگەش»، يەنى «گۈلدۈرماما ئوغۇللىرى» دەپمۇ ئاتىغان)، 18ئەندەر، فىلىپ، بارتولوماي، مەتتا، توماس، ھالپاينىڭ ئوغلى ياقۇپ، تاداي، ۋەتەنپەرۋەر دەپ ئاتالغان سىمۇن 19ۋە ھەزرىتى ئەيساغا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان يەھۇدا ئىشقارىيوتلاردىن ئىبارەت.

ھەزرىتى ئەيسا شەيتاندىن كۈچلۈكتۇر

20ھەزرىتى ئەيسا ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ يەرگە يەنە شۇنچە نۇرغۇن خالايىق توپلاندىكى، ھەزرىتى ئەيسا بىلەن شاگىرتلىرىنىڭ غىزالىنىشقىمۇ چولىسى تەگمىدى. 21ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بۇنى ئاڭلاپ، ئۇنى قايتۇرۇپ كەلگىلى بېرىشتى. چۈنكى، ئۇلار ئۇنى «ئەقلىدىن ئېزىپتۇ» دەپ ئويلاشقانىدى.

22يېرۇسالېمدىن كەلگەن تەۋرات ئۇستازلىرى بولسا: «ئۇنىڭغا شەيتان چاپلىشىۋاپتۇ»، «ئۇ جىنلارنى ئۇلارنىڭ باشلىقى بولغان شەيتانغا تايىنىپ ھەيدەيدىكەن» دېيىشەتتى.

23شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەزرىتى ئەيسا تەۋرات ئۇستازلىرىنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا تەمسىللەر بىلەن مۇنداق دېدى:

_ شەيتان شەيتاننى قانداقمۇ قوغلىسۇن؟ 24ئەگەر بىر دۆلەتتىكىلەر ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ سوقۇشسا، ئۇ دۆلەت پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. 25بىر ئائىلىدىكىلەر ئۆزئارا جېدەل-ماجىرا قىلىشسا، ئۇ ئائىلە ۋەيران بولۇشتىن ساقلىنالمايدۇ. 26شۇنىڭغا ئوخشاش، شەيتانمۇ ئۆز-ئۆزىگە قارشى چىقىپ، ئۆز باشقۇرۇشىدا بولغان جىنلار بىلەن سوقۇشسا، ئۇمۇ پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ، جەزمەن ھالاك بولىدۇ. 27ھېچكىم كۈچتۈڭگۈر ئادەمنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇنىڭ مېلىنى بۇلاپ كېتەلمەيدۇ. پەقەت شۇ كۈچتۈڭگۈر ئادەمنى باغلىيالىغانلارلا ئۇنىڭ ئۆيىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلالايدۇ.

28بىلىپ قويۇڭلاركى، ئىنسانلارنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھى ۋە قىلغان كۇپۇرلۇقلىرىنىڭ ھەممىسىنى كەچۈرۈشكە بولىدۇ. 29لېكىن، مۇقەددەس روھقا كۇپۇرلۇق قىلغان ئادەم ھەرگىز كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئادەم مەڭگۈ كەچۈرۈم قىلىنمايدىغان گۇناھ سادىر قىلغان بولىدۇ.

30ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى بەزىلەرنىڭ «ئۇنىڭغا جىن چاپلىشىپتۇ» دېگىنىگە قارىتا ئېيتقانىدى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئانىسى ۋە ئىنىلىرى

31شۇ چاغدا، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئانىسى بىلەن ئىنىلىرى كەلدى. ئۇلار تاشقىرىدا تۇرۇپ، ئۇنى چاقىرىشقا ئادەم كىرگۈزدى. 32ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئەتراپىدا ئولتۇرغان جامائەتتىن بەزىلىرى:

_ ئانىڭىز، ئىنىلىرىڭىز {ۋە سىڭىللىرىڭىز} سىزنى سىرتتا چاقىرىۋاتىدۇ، _ دېيىشتى.

33ھەزرىتى ئەيسا بۇنىڭغا جاۋابەن:

_ كىملەر مېنىڭ ئانام ۋە ئىنىلىرىم؟ _ دېدى. 34ئاندىن، ئۇ چۆرىسىدە ئولتۇرغانلارغا قاراپ مۇنداق دېدى:

_ مانا بۇلار مېنىڭ ئانام ۋە ئىنىلىرىم! 35چۈنكى، كىم خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ئەمەل قىلسا، شۇ مېنىڭ ئاكا-ئىنىم، ئاچا-سىڭلىم ۋە ئانامدۇر. 


4

ئۇرۇق چېچىش توغرىسىدىكى تەمسىل

1ھەزرىتى ئەيسا يەنە كۆل بويىدا خەلققە تەلىم بېرىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ ئەتراپىغا توپلانغان خالايىق ئىنتايىن كۆپ بولغاچقا، ئۇ بىر كېمىگە چىقىپ ئولتۇردى. خالايىق بولسا كۆل بويىدا تۇرۇشاتتى. 2ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا تەمسىل بىلەن نۇرغۇن ھېكمەتلەرنى ئۆگەتتى. ئۇ تەلىمىدە مۇنداق دېدى:

3_ قۇلاق سېلىڭلار! بىر دېھقان ئۇرۇق چاچقىلى ئېتىزىغا چىقىپتۇ. 4چاچقان ئۇرۇقلىرىنىڭ بەزىلىرى چىغىر يول ئۈستىگە چۈشۈپتۇ، قۇشلار كېلىپ ئۇلارنى يەپ كېتىپتۇ. 5بەزىلىرى تۇپرىقى كەم تاشلىق يەرلەرگە چۈشۈپتۇ. توپىسى نېپىز بولغانلىقتىن، تېزلا ئۈنۈپ چىقىپتۇ، 6لېكىن چوڭقۇر يىلتىز تارتمىغاچقا، كۈن چىقىش بىلەنلا سولىشىپ قۇرۇپ كېتىپتۇ. 7بەزىلىرى تىكەنلەرنىڭ ئارىسىغا چۈشۈپتۇ، تىكەنلەر ئۆسۈپ مايسىلارنى بېسىۋاپتۇ. نەتىجىدە، مايسىلار ھوسۇل بېرەلمەپتۇ. 8بەزىلىرى بولسا مۇنبەت تۇپراققا چۈشۈپتۇ. ئۇلار ئۈنۈپ چىققاندىن كېيىن، ئۆسۈپ چوڭ بولۇپ، ياخشى ھوسۇل بېرىپتۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئوتتۇز، بەزىلىرى ئاتمىش، يەنە بەزىلىرى بولسا يۈز ھەسسە ھوسۇل بېرىپتۇ.

9ھەزرىتى ئەيسا يەنە مۇنداق دېدى:

_ بۇ سۆزلەرنى قۇلىقىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار!

تەمسىللەرنىڭ مەقسىتى

10خالايىق كەتكەندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئون ئىككى شاگىرتى بىلەن ئەگەشكۈچىلىرى ئۇنىڭدىن تەمسىللەرنىڭ مەنىسىنى سوراشتى. 11ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ سىرى سىلەرنىڭ بىلىشىڭلارغا بېرىلدى. لېكىن، پادىشاھلىقنىڭ سىرتىدىكىلەرگە ھەممە ئىش تەمسىللەر بىلەن ئۇقتۇرۇلىدۇ. 12بۇنىڭ بىلەن، خۇدانىڭ مۇنۇ سۆزلىرى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى:

«قىلغانلىرىمغا قارايدۇ، قارايدۇ، مەنىسىنى ئۇقمايدۇ.

سۆزلىرىمنى ئاڭلايدۇ، ئاڭلايدۇ، چۈشەنمەيدۇ.

ئۇنداق بولمىسىدى، ماڭا قايتاتتى،

مەنمۇ ئۇلارنى كەچۈرۈم قىلاتتىم.»

ئۇرۇق چېچىش توغرىسىدىكى تەمسىلنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى

13ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ سىلەر مۇشۇ تەمسىلنىمۇ چۈشەنمىدىڭلارمۇ؟ ئۇنداقتا، باشقا تەمسىللەرنى قانداقمۇ چۈشىنىسىلەر؟ 14دېھقان چاچقان ئۇرۇق خۇدانىڭ سۆزىدۇر. 15چىغىر يولغا چۈشكەن ئۇرۇقلار مۇنداق ئادەملەرگە تەمسىل قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان ھامان شەيتان كېلىپ ئۇلارنىڭ قەلبىگە چۈشكەن سۆزنى ئېلىپ كېتىدۇ. 16تۇپرىقى كەم تاشلىق يەرلەرگە چۈشكەن ئۇرۇقلار مۇنداق كىشىلەرگە تەمسىل قىلىنغان. ئۇلار خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان ھامان خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىدۇ. 17ھالبۇكى، خۇدانىڭ سۆزى ئۇلاردا يىلتىز تارتمىغاچقا، ئۇلار ئۇزۇنغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. خۇدانىڭ سۆزىگە ئىشەنگەنلىكىدىن قىيىنچىلىق ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىسا، دەرھال خۇدا يولىدىن چەتنەپ كېتىدۇ. 18يەنە بەزى كىشىلەر بولسا تىكەنلىككە چۈشكەن ئۇرۇقلارغا تەمسىل قىلىنغان. 19ئۇنداق كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە بۇ دۇنيانىڭ ئەندىشىلىرى، بايلىقنىڭ ئېزىقتۇرۇشى ۋە باشقا نەرسىلەرگە بولغان ھەۋەسلەر كىرىۋېلىپ، خۇدانىڭ سۆزىنى بوغۇۋېتىدۇ-دە، ئۇلار ھوسۇلسىز قالىدۇ. 20يەنە بەزى كىشىلەر مۇنبەت تۇپراققا چۈشكەن ئۇرۇقلارغا تەمسىل قىلىنغان. ئۇلار خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، قوبۇل قىلىدۇ. خۇدانىڭ سۆزى ئۇلاردا ئوتتۇز، ئاتمىش، ھەتتا يۈز ھەسسە ھوسۇل بېرىدۇ.

داس ئاستىدىكى چىراغ

21ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا يەنە مۇنداق دېدى:

_ كىم چىراغنى يېقىپ، ئۇنى داس ياكى كارىۋات ئاستىغا يوشۇرۇپ قويىدۇ؟ ئۇ ئەلۋەتتە چىراغنى چىراغدان ئۈستىگە قويمامدۇ؟ 22ھەرقانداق مەخپىي ئىش ئاشكارىلانماي قالمايدۇ؛ يوشۇرۇن تۇتۇلغان ھەرقانداق ئىش پاش بولماي قالمايدۇ. 23بۇ سۆزلەرنى قۇلىقىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار!

24ئاڭلىغانلىرىڭلارغا زېھىن قويۇڭلار! سىلەر قانچىكى كۆپ زېھىن قويساڭلار، سىلەرگە شۇنچە كۆپ چۈشەنچە بېرىلىدۇ، ھەتتا يېتىپ ئاشقۇدەكمۇ بېرىلىدۇ. 25چۈنكى، كىمدە ئەقىل-پاراسەت بولسا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ. لېكىن، كىمدە ئەقىل-پاراسەت بولمىسا، ئۇنىڭدا بار بولغىنىمۇ ئېلىپ كېتىلىدۇ.

ئۈنگەن ئۇرۇق توغرىسىدىكى تەمسىل

26كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى:

_ خۇدانىڭ پادىشاھلىقى يەنە بۇنىڭغا ئوخشايدۇ: دېھقان تۇپراققا ئۇرۇق چاچىدۇ. 27ئۇ كېچىسى ئۇخلايدۇ، كۈندۈزى تۇرىدۇ. ئۇرۇق ئۈنۈپ يېتىشىدۇ. لېكىن، ئۇ دېھقان قانداقسىگە بۇنداق بولغانلىقىنى بىلمەيدۇ. 28تۇپراق تەبىئىي ھالدا ھوسۇل بېرىدۇ. ئۇرۇق ئاۋۋال ئۈنىدۇ، كېيىن باش چىقىرىدۇ، ئاخىردا باشاقلار تولۇق دان تۇتىدۇ. 29دان پىشىپ يېتىلگەندە، ئۇ دېھقان دەرھال ئورغاق سالىدۇ، چۈنكى ھوسۇل يىغىش ۋاقتى كەلگەن بولىدۇ.

قىچا ئۇرۇقى توغرىسىدىكى تەمسىل

30ھەزرىتى ئەيسا يەنە مۇنداق دېدى:

_ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى نېمىگە ئوخشىتاي؟ قانداق بىر تەمسىل بىلەن سۈرەتلەپ بېرەي؟ 31ئۇ گويا بىر تال قىچا ئۇرۇقىغا ئوخشايدۇ. قىچا ئۇرۇقى پۈتۈن ئۇرۇقلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كىچىك بولسىمۇ، 32تېرىلغاندىن كېيىن، ھەرقانداق زىرائەتتىن ئېگىز ئۆسۈپ* شۇنداق شاخلايدۇكى، قۇشلارمۇ ئۇنىڭ سايىسىدە ئۇۋۇلايدۇ.

33ھەزرىتى ئەيسا خۇدانىڭ سۆزىنى بۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن تەمسىللەر بىلەن جامائەت چۈشىنەلىگۈدەك قىلىپ چۈشەندۈرەتتى. 34تەمسىل كەلتۈرمەي تۇرۇپ ھېچقانداق تەلىم بەرمەيتتى. ئۆز شاگىرتلىرى بىلەن يالغۇز قالغىنىدا، ئۇلارغا ھەممىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەتتى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ بوراننى تىنچىتىشى

35ئۇ كۈنى كەچقۇرۇن، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا:

_ كۆلنىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتەيلى، _ دېدى. 36شاگىرتلار خالايىقتىن ئايرىلىپ، ھەزرىتى ئەيسا ئولتۇرغان كېمىگە چۈشۈپ، ئۇنى ئېلىپ يۈرۈپ كېتىشتى. ئۇلار بىلەن بىللە ماڭغان باشقا كېمىلەرمۇ بار ئىدى. 37قاتتىق بوران چىقىپ، دولقۇنلار شۇنداق ئۇردىكى، كېمىگە سۇ توشاي دەپ قالغانىدى. 38ھەزرىتى ئەيسا كېمىنىڭ ئاياغ تەرىپىدە ياستۇققا باش قويۇپ ئۇيقۇغا كەتكەنىدى. شاگىرتلار ئۇنى ئويغىتىپ:

_ ئۇستاز، بىز غەرق بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتساق، كارىڭىز يوقمۇ؟ _ دېيىشتى.

39ھەزرىتى ئەيسا ئورنىدىن تۇرۇپ بورانغا بۇيرۇق قىلدى ۋە دولقۇنلارغا: «توختا! تىنچلان!» دېدى. بۇنىڭ بىلەن، بوران توختاپ، دولقۇن پەسلەپ، ھەممىسى تىنچىدى.

40ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا:

_ نېمانچە قورقىسىلەر! تېخىچە ئىشەنچىڭلار يوقمۇ؟ _ دېدى.

41ئۇلار بولسا قاتتىق قورقۇنچ ئىچىدە بىر-بىرىگە:

_ بۇ ئادەم زادى كىمدۇ؟ ھەتتا بوران ۋە دولقۇنلارمۇ ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىكەن-ھە! _ دەپ كېتىشتى.



*32بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان قىچا ئوتتۇرا شەرقتە ئۆسىدىغان، ياخشى ئۆسكەندە ھەتتا ئۈچ مېتىردىن ئېشىپ كېتىدىغان، ئۆسۈملۈكنى كۆرسىتىدۇ.



 

5

جىن چاپلاشقان گېراسالىق ئادەمنىڭ ساقايتىلىشى

1ئۇلار كۆلنىڭ ئۇ قېتىدىكى گېراسالىقلار تۇرىدىغان يەرگە باردى. 2ھەزرىتى ئەيسا كېمىدىن چۈشۈشى بىلەنلا، جىن چاپلاشقان بىر ئادەم گۆر قىلىنىدىغان ئۆڭكۈرلەرنىڭ بىرىدىن چىقىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈردى. 3ئۇ ئادەم ئۆڭكۈرلەرنى ماكان تۇتقان بولۇپ، ھېچكىم ئۇنى ھەتتا زەنجىر بىلەنمۇ باغلاپ قويالمايتتى. 4بىرنەچچە قېتىم قوللىرى زەنجىرلىنىپ، پۇتلىرىغا كىشەنلەر سېلىنغان بولسىمۇ، زەنجىرلەرنى ئۈزۈپ، كىشەنلەرنى چېقىۋەتكەنىدى. ھېچكىم ئۇنى بويسۇندۇرالمىغانىدى. 5كېچە-كۈندۈز مازارلىق ۋە دالالاردا ۋارقىراپ-جارقىراپ يۈرەتتى. ئۆز-ئۆزىنى تاش بىلەن ئۇرۇپ يارىلاندۇراتتى.

6ئۇ ھەزرىتى ئەيسانى يىراقتىن كۆرۈپ، يۈگۈرگەن پېتى ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ، يەرگە باش قويدى 7ۋە قاتتىق ۋارقىراپ:

_ ئۇلۇغ خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا، ئىشىمغا ئارىلاشما! خۇدا ئالدىدا سەندىن ئۆتۈنۈپ سورايمەنكى، مېنى قىينىما! _ دېدى. 8سەۋەبى، ھەزرىتى ئەيسا: «ھەي جىن، بۇ ئادەمنىڭ تېنىدىن چىق!» دەپ بۇيرۇغانىدى.

9ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا بۇ ئادەمدىن:

_ ئىسمىڭ نېمە؟ _ دەپ سورىدى.

_ ئىسمىم «مىڭلىغان»، چۈنكى سانىمىز كۆپ، _ دەپ جاۋاب بەردى بۇ ئادەمنى سۆزلىتىۋاتقان جىن 10ۋە ھەزرىتى ئەيسادىن ئۆزلىرىنى ئۇ زېمىندىن چىقىرىۋەتمەسلىكنى تەلەپ قىلىپ، كۆپ ئۆتۈنۈپ يالۋۇردى.

11شۇ ئەتراپتىكى تاغ باغرىدا چوڭ بىر توپ توڭگۇز پادىسى ئوزۇقلىنىپ يۈرەتتى. 12جىنلار ھەزرىتى ئەيساغا:

_ بىزنى مۇشۇ توڭگۇز پادىسىغا ھەيدىۋەتكىن، ئۇلارنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىشكە ئىجازەت بەرگىن، _ دەپ يالۋۇرۇشتى. 13ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئىجازىتى بىلەن جىنلار چىقىپ، توڭگۇزلارنىڭ تېنىگە كىرىپ كەتتى. ئىككى مىڭغا يېقىن توڭگۇز پاتىپاراق بولۇپ، يۈگۈرگەن پېتى تىك ياردىن چۈشۈپ، كۆلگە غەرق بولدى.

14توڭگۇز باققۇچىلار ئۇ يەردىن قېچىپ، شەھەر-يېزىلاردا بۇ خەۋەرنى تارقاتتى. خالايىقمۇ ئەھۋالنى كۆرگىلى چىقىشتى. 15ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىغا كەلگىنىدە، ئىلگىرى مىڭلىغان جىنلارغا ئەسىر بولغان ھېلىقى ئادەمنىڭ كىيىملىرىنى كىيىپ، ئەس-ھوشى جايىدا ھالدا ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ، قورقۇپ كېتىشتى. 16بۇ مۆجىزىنى كۆرگەنلەر جىن چاپلاشقان ئادەمنىڭ قۇتقۇزۇلغانلىقى ۋە توڭگۇزلارنىڭ ئاقىۋىتىنى خالايىققا سۆزلەپ بەردى. 17بۇنىڭ بىلەن، خەلق ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزلىرىنىڭ زېمىنىدىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلدى.

18ھەزرىتى ئەيسا كېمىگە چىقىۋاتقاندا، ئىلگىرى جىن چاپلاشقان ھېلىقى ئادەم ئۇنىڭغا:

_ مەنمۇ سىز بىلەن بىللە كېتەي، _ دەپ يالۋۇردى.

19لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا رۇخسەت قىلماي:

_ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلارغا رەببىڭنىڭ ساڭا نەقەدەر چوڭ ئىشلارنى قىلىپ بەرگەنلىكىنى ۋە قانچىلىك مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەنلىكىنى يەتكۈزگىن، _ دېدى. 20ئۇ ئادەم قايتىپ بېرىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزىگە قىلىپ بەرگەن چوڭ ئىشلارنى ئون شەھەر رايونىدا تارقىتىشقا باشلىدى. بۇنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسى ھەيران قېلىشتى.

تىرىلدۈرۈلگەن قىز ۋە ساقايتىلغان ئايال

21ھەزرىتى ئەيسا كېمە بىلەن كۆلنىڭ ئۇ قېتىغا قايتقىنىدا، نۇرغۇن خالايىق كۆل بويىدا يەنە ئۇنىڭ يېنىغا يىغىلدى. 2223بۇ چاغدا، مەلۇم بىر ئىبادەتخانىنىڭ يائىر ئىسىملىك بىر مەسئۇلى كەلدى. ئۇ ھەزرىتى ئەيسانى كۆرۈپ ئايىغىغا يىقىلىپ:

_ كىچىك قىزىم سەكراتقا چۈشۈپ قالدى. بېرىپ ئۇنىڭغا قولىڭىزنى تەگكۈزۈپ قويسىڭىز، ئۇ ساقىيىپ ئۆمۈر كۆرسە! _ دەپ يالۋۇردى.

24ھەزرىتى ئەيسا ئۇ ئادەم بىلەن بىللە باردى. ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋالغان خالايىقمۇ كەينىدىن ئەگىشىپ مېڭىشتى.

25توپنىڭ ئىچىدە خۇن تەۋرەش كېسىلىگە گىرىپتار بولغىنىغا ئون ئىككى يىل بولغان بىر ئايال بار ئىدى. 26ئۇ نۇرغۇن تېۋىپلارنىڭ قولىدا كۆپ ئازاب چېكىپ، بار-يوقىنى سەرپ قىلغان بولسىمۇ، كېسىلى ياخشىلانماق تۈگۈل، تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتكەنىدى. 27بۇ ئايالمۇ ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدىكى گەپ-سۆزلەرنى ئاڭلىغانىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، خالايىقنىڭ ئارىسىدىن قىستىلىپ كېلىپ، ئارقا تەرەپتىن ئۇنىڭ چاپىنىنى سىلاپ قويدى. 28چۈنكى، ئۇ ئىچىدە «ھەزرىتى ئەيسانىڭ چاپىنىنى تۇتساملا، چوقۇم ساقىيىپ كېتىمەن» دەپ ئويلىغانىدى. 29خۇن شۇئان توختاپ، ئايال ئۆزىنىڭ كېسەل ئازابىدىن قۇتۇلغانلىقىنى ھېس قىلدى. 30دەل شۇ ۋاقىتتا، ھەزرىتى ئەيسا ۋۇجۇدىدىن قۇدرىتىنىڭ چىققانلىقىنى سەزدى. ئۇ خالايىقنىڭ ئىچىدە كەينىگە بۇرۇلۇپ:

_ كىيىمىمنى تۇتقان كىم؟ _ دەپ سورىدى.

31شاگىرتلىرى ئۇنىڭغا:

_ ئۆپچۆرىڭىزدىكى خالايىقنىڭ قىستاپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇقلۇق، يەنە: «مېنى تۇتقان كىم؟» دەپ سورايسىزغۇ؟ _ دېيىشتى.

32بىراق، ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىنى تۇتقان كىشىنى تېپىش ئۈچۈن داۋاملىق ئەتراپىغا قارىدى. 33ئۆزىدە نېمە ئەھۋالنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى سەزگەن ئايالمۇ قورققىنىدىن تىترىگەن ھالدا ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئايىغىغا يىقىلدى ۋە ئۇنىڭغا ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتتى. 34ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:

_ قىزىم، ئىشەنچىڭ سېنى ساقايتتى! تىنچ-ئامان قايت. داۋاملىق سالامەت بول، _ دېدى.

35ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزنى قىلىۋاتقاندا، ئىبادەتخانا مەسئۇلىنىڭ ئۆيىدىن كىشىلەر كېلىپ، ئىبادەتخانا مەسئۇلى يائىرغا:

_ قىزىڭىز جان ئۈزدى. ئەمدى ئۇستازنى ئاۋارە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوقمىكىن، _ دېيىشتى.

36ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرگە قارىماي، ئىبادەتخانا مەسئۇلىغا:

_ قورقمىغىن! ئىشەنچىڭ بولسۇن، _ دېدى. 37شۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا پېترۇس، ياقۇپ ۋە ياقۇپنىڭ ئىنىسى يۇھاننانى ئېلىپ يولغا چىقتى. ئۇلاردىن باشقا ھېچكىمنىڭ ئۆزى بىلەن بىللە بېرىشىغا رۇخسەت قىلمىدى. 38ئۇلار ئىبادەتخانا مەسئۇلىنىڭ ئۆيى ئالدىغا كەلگەندە، ھەزرىتى ئەيسا قاتتىق دەرد-پەرياد كۆتۈرگەن كىشىلەر توپىنى كۆردى. 39ھەزرىتى ئەيسا ئۆيگە كىرىپ ئۇلارغا:

_ نېمىشقا دەرد-پەرياد كۆتۈرۈپ يىغلايسىلەر؟ بالا ئۆلمىدى، ئۇخلاپ قاپتۇ، _ دېدى. 40بىراق، ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى مەسخىرە قىلىشتى.

ھەزرىتى ئەيسا ھەممەيلەننى تاشقىرىغا چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ۋە بىللە كەلگەن شاگىرتلىرىنى ئېلىپ، بالا بار ئۆيگە كىردى. 41ئۇ بالىنىڭ قولىدىن تارتىپ، ئۇنىڭغا: «تالىتا كۇمى» دېدى. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى «قىزىم ساڭا ئېيتىمەنكى، ئورنۇڭدىن تۇر» دېگەنلىك ئىدى. 42ئون ئىككى ياشلىق بۇ قىز شۇئان ئورنىدىن تۇرۇپ، مېڭىشقا باشلىدى. ئۇ يەردىكىلەر بۇ ئىشقا ئىنتايىن ھەيران بولۇشتى. 43ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا بۇ ئىشنى ھېچكىمگە تىنماسلىقنى قاتتىق تاپىلىدى ۋە ئۇلارغا قىزنىڭ قورسىقىغا بىرنەرسە بېرىشنى بۇيرۇدى. 


6

ناسىرەلىكلەرنىڭ ھەزرىتى ئەيسانى رەت قىلىشى

1ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، ئۆز يۇرتىغا قايتتى. شاگىرتلىرىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى. 2دەم ئېلىش كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا ئىبادەتخانىدا تەلىم بېرىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان جامائەت ھەيران بولۇشۇپ:

_ بۇ ئادەم بۇلارنى نەدىن ئۆگەنگەندۇ؟ ئۇنىڭغا بۇنچىۋالا ئەقىل-پاراسەتنى كىم بەرگەندۇ؟ بۇ مۆجىزىلەرنى قانداق يارىتىدىغاندۇ؟ 3ئۇ پەقەت ئاددىي بىر ياغاچچىغۇ؟ مەريەم ئۇنىڭ ئانىسى، ياقۇپ، يوسە، يەھۇدا ۋە سىمۇن ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى ئەمەسمۇ؟ سىڭىللىرى بۇ يەردە ئۆز ئىچىمىزدىغۇ؟ _ دېيىشەتتى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئۇنى رەت قىلدى.

4ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:

_ پەيغەمبەر ئۆز يۇرتى، ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئارىسىدا ۋە ئۆز ئۆيىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولمايدۇ، _ دېدى. 5شۇڭا، ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردە بىرقانچە بىمارنى ئۇلارنىڭ ئۇچىسىغا قوللىرىنى تەگكۈزۈپ ساقايتقاندىن باشقا، ھېچقانداق مۆجىزە كۆرسىتىشنى توغرا تاپمىدى. 6ئۇ بۇ كىشىلەرنىڭ ئېتىقادسىزلىقىدىن ھەيران قالدى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئون ئىككى ئەلچىنى ئەۋەتىشى

كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا ئەتراپتىكى يېزا-كەنتلەرنى ئايلىنىپ تەلىم بېرىۋاتاتتى. 7ئۇ ئون ئىككى شاگىرتىنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا جىنلارنى ھەيدەش ھوقۇقىنى بەردى ۋە خەلق ئارىسىغا ئىككى-ئىككىدىن ئەۋەتتى. 8ھەم ئۇلارغا سەپەردە يېنىغا ھاسىدىن باشقا نەرسە ئېلىۋالماسلىق، نە نان، نە خۇرجۇن كۆتۈرمەسلىك، پۇلمۇ سېلىۋالماسلىقنى ئېيتتى. 9پۇتىغا ئاياغ كىيىشكە ئىجازەت بەردى، بىراق بىرەر ئارتۇق كۆڭلەك ئېلىۋالماسلىقنى بۇيرۇدى. 10ئۇ يەنە:

_ بىر يۇرتقا بارغىنىڭلاردا، قايسى ئائىلىدە قارشى ئېلىنساڭلار، ئۇ يەردىن كەتكۈچە شۇ ئائىلىدىلا تۇرۇڭلار. 11ئەگەر بىرەر يەردىكى كىشىلەر سىلەرنى قارشى ئالمىسا ۋە سۆزۈڭلارنى ئاڭلىمىسا، ئۇ يەردىن ئايرىلغىنىڭلاردا، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئايىغىڭلاردىكى توپىنى قېقىۋېتىڭلار! _ دېدى.

12شۇنداق قىلىپ، شاگىرتلار يولغا چىقىپ، كىشىلەرنى گۇناھلىرىغا توۋا قىلىشقا ئۈندىدى. 13ئۇلار نۇرغۇن جىنلارنى ھەيدىدى، نۇرغۇن بىمارلارغا زەيتۇن يېغىنى سۈركەپ ساقايتتى.

چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيانىڭ ئۆلۈمى

14ھىرود خان ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدىكى ھەممە ئىشلاردىن خەۋەر تاپتى، چۈنكى ھەزرىتى ئەيسانىڭ داڭقى ھەممە يەرگە پۇر كەتكەنىدى. بەزىلەر: «بۇ ئادەم ئۆلۈمدىن تىرىلگەن چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا بولسا كېرەك. ئۇنىڭ پەۋقۇلئاددە قۇدرەتلەرگە ئىگە بولغانلىقىنىڭ سەۋەبى ئەنە شۇ» دېيىشەتتى. 15بەزىلەر: «ئۇ ئىلياس پەيغەمبەر» دېسە، يەنە بەزىلەر: «بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەردەك بىر پەيغەمبەر بولسا كېرەك» دېيىشەتتى.

16بۇلارنى ئاڭلىغان ھىرود خان:

_ مەن كاللىسىنى ئالدۇرغان يەھيا تىرىلىپتۇ! _ دېدى. 1718ھىرودنىڭ بۇنداق دېيىشىنىڭ سەۋەبى، ئۇ ئۆگەي ئاكىسى فىلىپنىڭ ئايالى ھىرودىيەنى تارتىۋالغاندا، ئۇ ئايالنىڭ تەلىپى بىلەن يەھيانى تۇتقۇن قىلىپ، زىندانغا تاشلىغانىدى. چۈنكى، يەھيا ھىرودقا: «ئاكاڭنىڭ ئايالىنى تارتىۋېلىشىڭ تەۋرات قانۇنىغا خىلاپتۇر» دەپ كەلگەنىدى.

19ھىرودىيە شۇ ۋەجىدىن يەھيا پەيغەمبەرگە ئۆچمەنلىك ساقلاپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلگە ئاشۇرالمىغانىدى. 20چۈنكى، يەھيا پەيغەمبەرنىڭ دۇرۇس ۋە خۇداغا ئاتالغان بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان ھىرود خان ئۇنىڭدىن قورقاتتى ۋە ئۇنى مۇھاپىزەت قىلاتتى. ھىرود يەھيا پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان چاغلىرىدا نېمە قىلىشنى بىلەلمەي قالاتتى. بىراق، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى يەنىلا قىزىقىپ ئاڭلايتتى.

21ھىرودىيە كۈتكەن پۇرسەت ئاخىر يېتىپ كەلدى. ھىرود ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن كاتتا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، قول ئاستىدىكى ئەمەلدارلار، قوماندانلار ۋە جەلىلىيە ئۆلكىسىدىكى يۇرت كاتتىلىرىنى كۈتۈۋالدى. 22ھىرودىيەنىڭ بۇرۇنقى ئېرىدىن بولغان قىزى كىرىپ ئۇسسۇل ئويناپ بەردى. بۇ ھىرود بىلەن مېھمانلارغا بەكمۇ يېقىپ كەتتى. ھىرود خان قىزغا:

_ مەندىن نېمە تەلەپ قىلسىڭىز، شۇنى بېرىمەن، _ دېدى. 23ئارقىدىنلا ئۇ قەسەم قىلىپ يەنە:

_ مەندىن نېمە تەلەپ قىلسىڭىز، ھەتتا خانلىقىمنىڭ يېرىمىنى دېسىڭىزمۇ مەرھەمەت، _ دېدى.

24قىز تاشقىرىغا چىقىپ، ئانىسىدىن:

_ نېمە تەلەپ قىلاي؟ _ دەپ سورىدى.

_ چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيانىڭ كاللىسىنى تەلەپ قىل، _ دېدى ئانىسى.

25قىز شۇئان ھىرود خاننىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ كىرىپ:

_ چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيانىڭ كاللىسىنى دەرھال بىر تەخسىگە قويۇپ كەلتۈرۈشىڭىزنى تەلەپ قىلىمەن، _ دېدى.

26ھىرود خان بۇنىڭغا ناھايىتى ئوڭايسىزلانغان بولسىمۇ، مېھمانلارنىڭ ئالدىدا قىلغان قەسىمى تۈپەيلىدىن، قىزنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىشنى راۋا كۆرمىدى. 27ئۇ دەرھال بىر جاللات ئەۋەتىپ، يەھيا پەيغەمبەرنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ كېلىشنى بۇيرۇدى. جاللات زىندانغا بېرىپ يەھيا پەيغەمبەرنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ، 28ئۇنى بىر تەخسىگە قويۇپ، قىزنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. قىز ئۇنى ئانىسىغا تاپشۇردى. 29بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان يەھيا پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتلىرى كېلىپ، جەسەتنى ئېلىپ بېرىپ يەرلىككە قويدى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ بەش مىڭ كىشىنى تويدۇرۇشى

30يېزا-قىشلاقلارغا ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەر قايتىپ كېلىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا يىغىلدى ۋە قىلغان ئىشلىرى ھەم بەرگەن تەلىملىرىنى ئۇنىڭغا مەلۇم قىلىشتى. 31كېلىپ-كېتىۋاتقانلار ناھايىتى كۆپ بولغانلىقتىن، ھەزرىتى ئەيسا ۋە شاگىرتلارغا غىزالىنىشقىمۇ ۋاقىت چىقمىدى. شۇڭا، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:

_ يۈرۈڭلار، مەن بىلەن خىلۋەت بىر جايغا بېرىپ، بىر دەم ئارام ئېلىڭلار، _ دېدى. 32بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار كېمىگە چۈشۈپ، خىلۋەت بىر يەرگە قاراپ يول ئالدى. 33بىراق، ئۇلارنىڭ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن بىرمۇنچە كىشىلەر ئۇلارنى تونۇۋالغانىدى. خالايىق ئەتراپتىكى پۈتۈن يېزىلاردىن بەس-بەس بىلەن پىيادە يولغا چىقىپ، ئۇلاردىن بۇرۇن ئۇ يەرگە يېتىپ بېرىشتى. 34ھەزرىتى ئەيسا كېمىدىن چۈشۈپ، نۇرغۇن خالايىقنى كۆردى. قويچىسىز قوي پادىسىغا ئوخشايدىغان بۇ ئىنسانلارغا ئىچ ئاغرىتتى ۋە ئۇلارغا كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىتىشكە باشلىدى.

35ۋاقىت بىر يەرگە بېرىپ قالغانىدى. شاگىرتلىرى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ:

_ بۇ خىلۋەت بىر جاي ئىكەن، كەچ كىرىپ كەتتى. 36خالايىقنى تارقىتىۋەتكەن بولسىڭىز، ئۇلار ئەتراپتىكى يېزا-قىشلاقلارغا بېرىپ، ئۆزلىرىگە يەيدىغان بىر نەرسە سېتىۋالسۇن، _ دېدى.

37لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا:

_ ئۇلارغا ئۆزۈڭلار تاماق بېرىڭلار، _ دېدى.

شاگىرتلار ھەزرىتى ئەيسادىن:

_ يېرىم يىللىق كىرىمنى خەجلەپ، ئۇلارغا نان ئەكېلىپ ئۈلەشتۈرۈپ بېرەمدۇق؟ _ دەپ سورىدى.

38_ قانچە نېنىڭلار بار؟ قاراپ بېقىڭلار، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا. ئۇلار تەكشۈرۈپ كەلگەندىن كېيىن:

_ بىزدە بەش نان بىلەن ئىككى بېلىق بار ئىكەن، _ دېيىشتى.

39ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا خالايىقنى توپ-توپ قىلىپ يېشىل چىملىقتا ئولتۇرغۇزۇشنى بۇيرۇدى. 40خالايىق يۈزدىن، ئەللىكتىن بولۇپ ئولتۇرۇشتى. 41ھەزرىتى ئەيسا بەش نان بىلەن ئىككى بېلىقنى قولىغا ئېلىپ، ئاسمانغا قاراپ خۇداغا شۈكۈر ئېيتتى. ئاندىن، نانلارنى ئوشتۇپ، كۆپچىلىككە تارقىتىپ بېرىش ئۈچۈن شاگىرتلىرىغا بەردى. ئىككى بېلىقنىمۇ شۇنداق قىلدى. 42ھەممەيلەن يەپ تويدى. 43شاگىرتلار ئېشىپ قالغان نان ۋە بېلىق پارچىلىرىنى لىق ئون ئىككى سېۋەتكە يىغىۋالدى. 44تاماق يېگەن ئەرلەرنىڭ سانىلا بەش مىڭ ئىدى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ سۇ ئۈستىدە مېڭىشى

45بۇنىڭ كەينىدىنلا، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىنىڭ كېمىگە ئولتۇرۇپ، ئۆزىدىن ئاۋۋال كۆلنىڭ ئۇ قېتىدىكى بەيتسايدا يېزىسىغا ئۆتۈشىنى بۇيرۇدى. بۇ ئارىدا ئۆزى خالايىقنى تارقىتىۋەتتى. 46ئۇلارنى ئۇزاتقاندىن كېيىن، دۇئا-تىلاۋەت قىلىش ئۈچۈن تاغقا چىقتى.

47كەچقۇرۇن، كېمە كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىغا بارغانىدى. قۇرۇقلۇقتا ئۆزى يالغۇز قالغان ھەزرىتى ئەيسا 48شاگىرتلىرىنىڭ پالاقنى ناھايىتى تەستە ئۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆردى، چۈنكى قارشى تەرەپتىن شامال چىقىۋاتاتتى. تاڭ ئېتىشقا ئاز قالغاندا، ھەزرىتى ئەيسا كۆلنىڭ ئۈستىدە مېڭىپ، شاگىرتلىرى تەرەپكە كەلدى ۋە ئۇلارنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كەتمەكچى بولدى. 49شاگىرتلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ كۆلنىڭ ئۈستىدە مېڭىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئالۋاستى، دەپ ئويلاپ ۋارقىرىشىپ كەتتى. 50ھەممەيلەن ئۇنى كۆرۈپ ئىنتايىن ئالاقزادە بولۇشقانىدى.

لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا دەرھال ئۇلارغا:

_ خاتىرجەم بولۇڭلار، بۇ مەن، قورقماڭلار! _ دېدى.

51ھەزرىتى ئەيسا كېمىگە چىقىپ ئۇلارغا قوشۇلغاندا، شامال توختىدى. شاگىرتلار بۇنىڭدىن ئىنتايىن ھەيران قېلىشتى. 52چۈنكى، ئۇلار نان توغرىسىدىكى مۆجىزىنى تېخىچە چۈشەنمىگەنىدى، ئۇلارنىڭ ئەقلى بولسا بىخۇدلىشىپ كەتكەنىدى.

53ھەزرىتى ئەيسا بىلەن شاگىرتلىرى كۆلنىڭ قارشى قېتىغا بېرىشىدا، گىنەسار دېگەن يەردە قۇرۇقلۇققا چىقىپ كېمىنى باغلىدى. 54ئۇلار كېمىدىن چۈشۈشى بىلەنلا، خەلق ھەزرىتى ئەيسانى تونۇۋالدى. 55ئۇلار يۈگۈرۈشۈپ يۈرۈپ، بۇ خەۋەرنى ئەتراپتىكى جايلارغا يەتكۈزدى. ھەزرىتى ئەيسا قەيەردە بولسا، كىشىلەر بىمارلارنى زەمبىلگە سېلىپ، شۇ يەرگە ئېلىپ بېرىشتى. 56ھەزرىتى ئەيسا مەيلى يېزا، مەيلى شەھەر ياكى قىشلاققا بارسۇن، خالايىق بىمارلارنى ئاساسلىق كوچىلارغا ئېلىپ چىقىپ ياتقۇزۇپ، ھەزرىتى ئەيسادىن بىمارلارنىڭ ھېچبولمىغاندا ئۇنىڭ تونىنىڭ پېشىگە بولسىمۇ قولىنى تەگكۈزۈۋېلىشىغا رۇخسەت قىلىشىنى سوراپ يالۋۇراتتى. ئۇنىڭغا قولىنى تەگكۈزگەنلەرنىڭ ھەممىسى ساقايدى. 


7

خۇدانىڭ ئەمرىنى يوققا چىقارماسلىق

1بىر كۈنى، يېرۇسالېمدىن كەلگەن بەزى پەرىسىيلەر ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ھەزرىتى ئەيسانىڭ چۆرىسىگە يىغىلدى. 2ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى ئىچىدە بەزىلىرىنىڭ تاماقتىن بۇرۇن قول يۇيۇش دىنىي قائىدىسىنى ئادا قىلمايلا تاماق يەۋاتقانلىقىنى كۆردى. 3(پەرىسىيلەر، جۈملىدىن پۈتۈن يەھۇدىيلار ئەجدادلىرىنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە قوللىرىنى پاكىز يۇماي تۇرۇپ تاماق يېمەيدۇ. 4شۇنىڭدەك، بازاردىن ئالغان نەرسىلەرنىمۇ يۇماي يېمەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، قەدەھ، چۆگۈن ۋە مىس قاچىلارنى يۇيۇش توغرىسىدىمۇ بىرمۇنچە ئەنئەنىلەرگە رىئايە قىلىدۇ.)

5پەرىسىيلەر ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ھەزرىتى ئەيسادىن:

_ شاگىرتلىرىڭ نېمىشقا ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەنئەنىلىرىگە رىئايە قىلمايدۇ؟ نېمىشقا ناپاك قوللىرى بىلەن تاماق يەيدۇ؟ _ دەپ سوراشتى.

6ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ خۇدا يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئالدىن ئېيتقان مۇنۇ سۆزلەر سىلەر ساختىپەزلەرگە نېمىدېگەن ماس كېلىدۇ-ھە؟! ئۇنىڭ يازمىسىدا مۇنداق يېزىلغان:

«بۇ خەلق مېنى ئاغزىدىلا ھۆرمەتلەيدۇ،

لېكىن قەلبى مەندىن يىراق.

7ماڭا قىلغان ئىبادىتى بىھۇدىدۇر.

چۈنكى، ئۆگەتكەنلىرى خۇدانىڭ ئەمرلىرى ئەمەس،

بەلكى ئۆزلىرى چىقىرىۋالغان پەتىۋالاردۇر.»

8سىلەر خۇدانىڭ ئەمرىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئەنئەنىسىگە ئېسىلىۋالىدىكەنسىلەر.

9ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا يەنە مۇنداق دېدى:

_ ئۆز ئەنئەنەڭلارنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، خۇدانىڭ ئەمرلىرىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇشتا نېمانچە ئۇستىلىق قىلىسىلەر! 10مۇسا پەيغەمبەر: «ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل» ۋە «ئاتىسى ياكى ئانىسىنى ھاقارەتلىگەنلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلسۇن» دەپ بۇيرۇغان. 11لېكىن، سىلەر: «ئاتا-ئانىسىغا: ‹مەندىن ئالىدىغان پۈتۈن ماددىي ياردىمىڭلارنى قۇربان قىلدىم، يەنى خۇداغا ئاتىۋەتتىم› دېسە، 12ئۇ ئادەم ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمىسىمۇ بولىدۇ» دەپ ئۆگىتىسىلەر. 13شۇنداق قىلىپ، ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئەنئەنىلىرىڭلارنى دەپ خۇدانىڭ ئەمرىنى يوققا چىقىرىسىلەر. سىلەر بۇنداق ئىشلارنى كۆپ قىلىسىلەر.

ئىنساننى نېمە ناپاك قىلىدۇ؟

14ھەزرىتى ئەيسا خالايىقنى يەنە يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا:

_ ھەممىڭلار سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار ۋە شۇنى چۈشىنىڭلاركى، 15ئىنساننىڭ سىرتىدىن ئىچىگە كىرىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھېچقاندىقى ئۇنى ناپاك قىلمايدۇ، ئىنساننى ناپاك قىلىدىغىنى ئىنساننىڭ ئىچىدىن چىقىدىغىنىدۇر. { 16بۇ سۆزلەرنى قۇلىقىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار!} _ دېدى.

17ھەزرىتى ئەيسا خالايىقتىن ئايرىلىپ ئۆيگە كىرگەندە، شاگىرتلىرى ئۇنىڭدىن بۇ تەمسىلنىڭ مەنىسىنى سورىدى. 18ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:

_ سىلەرمۇ تېخىچە چۈشەنمەيۋاتامسىلەر؟ سىرتتىن ئىنساننىڭ ئىچىگە كىرىدىغان ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئۇنى ناپاك قىلالمايدىغانلىقىنى چۈشەنمەمسىلەر؟ 19سىرتتىن كىرگەن نەرسە ئىنساننىڭ قەلبىگە ئەمەس، ئاشقازىنىغا بارىدۇ. ئۇ يەردىن تەرەت بولۇپ چىقىپ كېتىدۇ، _ دېدى. ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەر ئارقىلىق، يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ھالال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

20ھەزرىتى ئەيسا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:

_ ئىنساننى ناپاك قىلىدىغىنى ئىنساننىڭ ئىچىدىن چىقىدىغىنىدۇر. 21چۈنكى، يامان نىيەت، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق، ئوغرىلىق، قاتىللىق، 22زىناخورلۇق، ئاچكۆزلۈك، يامانلىق، ھىيلىگەرلىك، شەھۋانىيلىق، ھەسەتخورلۇق، تۆھمەتخورلۇق، تەكەببۇرلۇق ۋە ھاماقەتلىكلەر ئىنساننىڭ ئىچىدىن، يەنى قەلبىدىن چىقىدۇ. 23بۇ يامانلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىنساننىڭ ئىچىدىن چىقىپ، ئىنساننى ناپاك قىلىدۇ.

يەھۇدىي ئەمەس ئايالنىڭ ئېتىقادى

24ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردىن ئايرىلىپ تىر شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارغا باردى. ئۇ يەردە بىر ئۆيگە كىردى. ئەسلىدە ئۇ بۇنى ھېچكىمنىڭ بىلىشىنى خالىمىغان بولسىمۇ، لېكىن يوشۇرالمىدى. 25جىن تەگكەن كىچىككىنە بىر قىزنىڭ ئانىسى ھەزرىتى ئەيسا توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغان ھامان يېتىپ كېلىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئايىغىغا يىقىلدى. 26سۇرىيە ئۆلكىسىنىڭ فەنىكىيە دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان يەھۇدىي ئەمەس بۇ ئايال ھەزرىتى ئەيسادىن قىزىدىكى جىننى ھەيدىۋېتىشنى ئۆتۈندى. 27ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:

_ ئالدى بىلەن بالىلار يەپ تويسۇن، بالىلارنىڭ نېنىنى ئىتلارغا تاشلاپ بېرىش توغرا ئەمەس،* _ دېدى.

28ھېلىقى ئايال بۇنىڭغا جاۋابەن:

_ شۇنداق، تەقسىر، بىراق ئىتلارمۇ ئۈستەل ئاستىدا بالىلاردىن چۈشكەن نان ئۇۋاقلىرىنى يەيدىغۇ، _ دېدى.

29ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:

_ توغرا ئېيتتىڭ. مۇشۇ سۆزۈڭ ئۈچۈن جىن قىزىڭدىن چىقىپ كەتتى، ئەمدى قايتقىن، _ دېدى.

30ئايال ئۆيىگە قايتقىنىدا، قىزىنىڭ كارىۋاتتا ياتقانلىقىنى كۆردى. جىن ئۇنىڭ تېنىدىن چىقىپ كەتكەنىدى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ بىر گاس-گاچا ئادەمنى ساقايتىشى

31ھەزرىتى ئەيسا تىر شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردىن چىقىپ، سىدون شەھىرى ۋە ئون شەھەر رايونىدىن ئۆتۈپ، يەنە جەلىلىيە كۆلىگە كەلدى. 32كىشىلەر ئۇنىڭ ئالدىغا گاس ھەم تىلى ئېغىر بىر ئادەمنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئۇچىسىغا قولىنى تەگكۈزۈپ ساقايتىپ قويۇشنى تەلەپ قىلىشتى. 33ھەزرىتى ئەيسا بۇ ئادەمنى خالايىق ئىچىدىن بىر چەتكە تارتىپ، ئۇنىڭ قۇلاقلىرىغا بارماقلىرىنى تىقتى ۋە بارمىقىغا تۈكۈرۈپ، ئۇنىڭ تىلىغا تەگكۈزدى.

34ئاندىن، ئاسمانغا قاراپ چوڭقۇر تىنىۋالغاندىن كېيىن، ئۇ ئادەمگە: «ئەففاتا» (مەنىسى «ئېچىل») دېدى. 35ئۇ ئادەمنىڭ قۇلاقلىرى شۇئان ئېچىلىپ، تىلى زۇۋانغا كېلىپ راۋۇرۇس گەپ قىلىشقا باشلىدى.

36ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردىكىلەرگە بۇنى ھېچكىمگە تىنماسلىقنى بۇيرۇدى. لېكىن، ھەرقانچە بۇيرۇغان بولسىمۇ، كىشىلەر بۇ خەۋەرنى شۇنچە كەڭ يېيىۋەتتى. 37خالايىق ئىنتايىن ھەيرانلىق ئىچىدە قالغانىدى. ئۇلار:

_ ئۇ قىلغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ياخشى! ھەتتا گاسلارنىڭ قۇلاقلىرىنى ئېچىپ، گاچىلارنى زۇۋانغا كەلتۈردى، _ دېيىشتى.



*27ھەزرىتى ئەيسا بۇ يەردە ئۆزىنىڭ ئەۋەتىلىشىنىڭ ئالدى بىلەن يەھۇدىيلار، ئاندىن يەھۇدىي ئەمەسلەر ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.



 

8

ھەزرىتى ئەيسانىڭ تۆت مىڭ كىشىنى تويدۇرۇشى

1شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە، يەنە نۇرغۇن خالايىق يىغىلغانىدى. ئۇلارنىڭ يەيدىغىنى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىنى يېنىغا چاقىرىپ:

2_ بۇ خالايىققا ئىچىم ئاغرىيدۇ. ئۇلار ئۈچ كۈندىن بېرى يېنىمدىن كەتمىدى، يەيدىغان بىر نەرسىسىمۇ قالمىدى. 3ئۇلارنى ئۆيلىرىگە ئاچ قورساق قايتۇرسام، يولدا يىقىلىپ قېلىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بەزىلىرى يىراق يەرلەردىن كەلگەنىكەن، _ دېدى.

4شاگىرتلىرى بۇنىڭغا جاۋابەن:

_ بۇنداق خىلۋەت بىر يەردە بۇنچىۋالا كىشىنى تويدۇرغۇدەك ناننى نەدىن تاپقىلى بولسۇن؟ _ دېيىشتى.

5_ قانچە نېنىڭلار بار؟ _ دەپ سورىدى ھەزرىتى ئەيسا.

_ يەتتە، _ دېيىشتى ئۇلار.

6بۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا خالايىقنى يەردە ئولتۇرۇشقا بۇيرۇدى. ئاندىن، يەتتە ناننى قولىغا ئالدى ۋە خۇداغا شۈكۈر ئېيتىپ ئوشتۇپ، كۆپچىلىككە تارقىتىپ بېرىش ئۈچۈن شاگىرتلىرىغا بەردى. ئۇلار كۆپچىلىككە تارقاتتى. 7شاگىرتلاردا يەنە بىرقانچە كىچىك بېلىقمۇ بار ئىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلار ئۈچۈنمۇ خۇداغا شۈكۈر ئېيتىپ، شاگىرتلىرىغا ئۇلارنىمۇ تارقىتىشنى ئېيتتى. 8ھەممەيلەن يەپ تويغاندىن كېيىن، شاگىرتلار ئېشىپ قالغان پارچىلارنى يەتتە سېۋەتكە يىغىۋالدى. 9ئۇ يەردە تۆت مىڭچە كىشى بار ئىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى يولغا سالغاندىن كېيىن، 10شاگىرتلىرى بىلەن بىللە دەرھال كېمىگە چۈشۈپ، دالمانۇتا رايونىغا كەتتى.

پەرىسىيلەرنىڭ كارامەت كۆرۈشنى تەلەپ قىلىشى

11پەرىسىيلەر كېلىپ ھەزرىتى ئەيسا بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە باشلىدى. ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنلىكىنى سىناپ بېقىش مەقسىتىدە، ئۇنىڭدىن بىر كارامەت كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىشتى. 12ھەزرىتى ئەيسا چوڭقۇر بىر ئۇلۇغ-كىچىك تىنىپ:

_ بۇ زاماننىڭ ئادەملىرى نېمە ئۈچۈن كارامەت كۆرسەت، دەپلا تۇرىدىغاندۇ؟ بىلىپ قويۇڭلاركى، ئۇلارغا كۆرسىتىلىدىغان كارامەت يوق، _ دېدى. 13ئاندىن، ئۇلاردىن ئايرىلىپ، يەنە كېمىگە ئولتۇرۇپ، كۆلنىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتۈپ كەتتى.

ساختا تەلىمدىن ساقلىنىش

14شاگىرتلار نان ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇغان بولۇپ، كېمىدە بىر ناندىن باشقا يېمەكلىك يوق ئىدى. 15ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ:

_ ھوشيار بولۇڭلار، پەرىسىيلەر بىلەن ھىرود خاننىڭ ئېچىتقۇسىدىن* ئېھتىيات قىلىڭلار، _ دېدى.

16شاگىرتلار بىر-بىرىگە:

_ نان ئەكەلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن شۇنداق دەۋاتسا كېرەك، _ دېيىشتى.

17ئۇلارنىڭ نېمە دېيىشىۋاتقانلىقىنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن:

_ سىلەر نېمە ئۈچۈن نان ئەكەلمىگەنلىكىڭلار توغرىسىدا سۆزلىشىسىلەر؟ تېخىچە چۈشەنمەيۋاتامسىلەر؟ سىلەر تېخىچە بىخۇدمۇ؟ 18كۆزۈڭلار تۇرۇپ كۆرمەيۋاتامسىلەر؟ قۇلىقىڭلار تۇرۇپ ئاڭلىمايۋاتامسىلەر؟ ئېسىڭلاردا يوقمۇ؟ 19بەش ناننى بەش مىڭ كىشىگە ئۈلەشتۈرگىنىمدە، ئېشىپ قالغان نان پارچىلىرىنى قانچە سېۋەتكە يىغىۋالغانىدىڭلار؟ _ دەپ سورىدى.

_ ئون ئىككى سېۋەتكە، _ دېيىشتى ئۇلار.

20_ يەتتە ناننى تۆت مىڭ كىشىگە ئۈلەشتۈرگىنىمدە، ئېشىپ قالغان نانلارنى قانچە سېۋەتكە يىغىۋالغانىدىڭلار؟ _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.

_ يەتتە سېۋەتكە، _ دېيىشتى ئۇلار.

21ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:

_ ئۇنداقتا، يەنە چۈشەنمىدىڭلارمۇ؟ _ دېدى.

بەيتسايدادىكى بىر كورنىڭ ساقايتىلىشى

22ھەزرىتى ئەيسا بىلەن شاگىرتلىرى بەيتسايدا يېزىسىغا كەلدى. ئۇ يەردە كىشىلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا بىر كور ئادەمنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا قولىنى تەگكۈزۈپ ساقايتىپ قويۇشنى ئۆتۈندى. 23ھەزرىتى ئەيسا كور ئادەمنىڭ قولىدىن يېتىلەپ يېزىنىڭ سىرتىغا ئېلىپ باردى ۋە ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تۈكۈرۈپ، قوللىرىنى تەگكۈزۈپ:

_ بىر نەرسە كۆرۈۋاتامسەن؟ _ دەپ سورىدى.

24ئۇ ئادەم بېشىنى كۆتۈرۈپ:

_ كىشىلەرنى كۆرۈۋاتىمەن. بىراق ئۇلار خۇددى مېڭىپ يۈرىدىغان دەرەخلەردەك كۆرۈنۈۋاتىدۇ، _ دېدى.

25ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا قوللىرىنى ئۇ ئادەمنىڭ كۆزلىرىگە يەنە بىر قېتىم تەگكۈزدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇنىڭ كۆزلىرى ئېچىلىپ، ھەممە نەرسىنى ئېنىق كۆردى. 26ھەزرىتى ئەيسا بۇ ئىشنى ھېچكىمنىڭ ئۇقماسلىقى ئۈچۈن، ئۇنى ئۆيىگە قايتۇرۇش ئالدىدا ئۇنىڭغا:

_ ئۆيگە قايتىش يولۇڭدا يېزىغا كىرمە، _ دەپ تاپىلىدى.

پېترۇسنىڭ ھەزرىتى ئەيسانى قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھ دەپ تونۇشى

27ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن بىللە فىلىپ قەيسەرىيىسى دېگەن رايونغا قاراشلىق يېزىلارغا باردى. ئۇ يولدا شاگىرتلىرىدىن:

_ كىشىلەر مېنى كىم دەپ بىلىدىكەن؟ _ دەپ سورىدى.

28شاگىرتلىرى ئۇنىڭغا:

_ بەزىلەر سىزنى چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا، بەزىلەر ئىلياس پەيغەمبەر ۋە يەنە بەزىلەر باشقا قەدىمكى پەيغەمبەرلەردىن بىرى دەپ بىلىدىكەن، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى.

29ھەزرىتى ئەيسا يەنە ئۇلاردىن:

_ سىلەرچۇ، سىلەر مېنى كىم دەپ بىلىسىلەر؟ _ دەپ سورىدى.

_ سىز قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھ* ئىكەنسىز، _ دەپ جاۋاب بەردى پېترۇس.

30ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا بۇ ھەقتە ھېچكىمگە تىنماسلىقنى تاپىلىدى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆلۈپ تىرىلىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتىشى

31ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا ئىنسانئوغلىنىڭ نۇرغۇن ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشى، ئاقساقاللار، ئالىي روھانىيلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى تەرىپىدىن رەت قىلىنىشى، ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە ئۈچ كۈندىن كېيىن تىرىلدۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى شاگىرتلىرىغا ئۇقتۇرۇشقا باشلىدى. 32ئۇ بۇنى شاگىرتلارغا ئوچۇق-ئاشكارا سۆزلىدى. بۇنىڭ بىلەن، پېترۇس ھەزرىتى ئەيسانى بىر چەتكە تارتىپ، مەسىھنىڭ بېشىغا بۇنداق كېلىشمەسلىكلەرنىڭ كەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنى ئەيىبلىدى. 33لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا بۇرۇلۇپ شاگىرتلىرىغا قارىدى ۋە پېترۇسنى ئەيىبلەپ:

_ يوقال كۆزۈمدىن، شەيتاندەك سۆزلەۋاتىسەن! ئويلىغانلىرىڭ خۇدانىڭ ئەمەس، ئىنساننىڭ خىيالىدۇر، _ دېدى.

34ئاندىن، ئۇ شاگىرتلىرى بىلەن بىللە خالايىقنىمۇ چاقىرىپ مۇنداق دېدى:

_ كىمدەكىم ماڭا ئەگىشىشنى خالىسا، ئۆز خاھىشىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈپ* ماڭا ئەگەشسۇن! 35چۈنكى، ئۆزى ئۈچۈنلا ياشايدىغانلار ئەكسىچە ھاياتىدىن مەھرۇم بولىدۇ. بىراق، ئۆز خاھىشىدىن ۋاز كېچىپ، مەن ۋە خۇش خەۋەر ئۈچۈن ياشايدىغانلار ھاياتىنى ساقلىيالايدۇ. 36بىر ئادەم پۈتۈن دۇنياغا ئىگە بولۇپ ھاياتىدىن مەھرۇم قالسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟! 37نېمىنى تۆلەپمۇ ھاياتلىققا ئېرىشكىلى بولسۇن؟! 38بۇ زاماننىڭ ۋاپاسىز ۋە گۇناھكار كىشىلىرى ئالدىدا كىمدەكىم مەندىن ۋە مېنىڭ سۆزلىرىمدىن نومۇس قىلسا، ئىنسانئوغلى بولغان مەنمۇ ئاتامنىڭ شان-شەرىپى ئىچىدە مۇقەددەس پەرىشتىلەر بىلەن بىللە قايتىپ كەلگىنىمدە، ئۇنىڭدىن نومۇس قىلىمەن.



*15«مەتتا» 16-باب 12-ئايەتكە قارالسۇن.

*29مەسىھ _ پەيغەمبەرلەر ئالدىن ئېيتقان، خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان، ھامان بىر كۈنى كېلىپ مەڭگۈ ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان پادىشاھنى كۆرسىتىدۇ.

*34رىملىقلار تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلەر مىخلىنىدىغان كرېستنى مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ جازا مەيدانىغا باراتتى. «ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈش» دېگەنلىك ئەيسا مەسىھ ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشقا تەييار بولۇشنى كۆرسىتىدۇ.



 

9

1ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا يەنە:

_ بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ بەزىلىرى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ كۈچ-قۇدرەت بىلەن ئايان بولغىنىنى كۆرمىگۈچە ئۆلمەيدۇ.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ نۇرغا چۆمۈشى

2ئالتە كۈندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا پەقەت پېترۇس، ياقۇپ ۋە يۇھاننانىلا ئېلىپ، ئېگىز بىر تاغقا چىقتى. ئۇ يەردە ھەزرىتى ئەيسانىڭ قىياپىتى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۆزگەردى. 3كىيىملىرى كۆزنى شۇنچىلىك قاماشتۇرغۇدەك ئاپئاق بولۇپ كەتتىكى، دۇنيادىكى ھەرقانداق ئاقارتقۇچمۇ كىرنى ئۇنچىلىك ئاقارتالمايتتى. 4توساتتىن، شاگىرتلارغا ئىلياس پەيغەمبەر ۋە مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ھەزرىتى ئەيسا بىلەن سۆزلىشىۋاتقانلىقى كۆرۈندى.

5پېترۇس ھەزرىتى ئەيساغا:

_ ئۇستازىم، بۇ يەردە بولغىنىمىز نېمىدېگەن ياخشى! بىرى سىزگە، بىرى مۇسا پەيغەمبەرگە، يەنە بىرى ئىلياس پەيغەمبەرگە دەپ، بۇ يەرگە ئۈچ كەپە ياسايلى، _ دېدى. 6پېترۇس نېمە دېيىشىنى بىلمەي قالغانىدى، چۈنكى شاگىرتلار ناھايىتى قورقۇشۇپ كەتكەنىدى.

7شۇ ئەسنادا، بىر پارچە بۇلۇت پەيدا بولۇپ، ئۇلارنى قاپلىۋالدى. بۇلۇتتىن خۇدانىڭ: «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم؛ ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار!» دېگەن ئاۋازى كەلدى. 8شاگىرتلار شۇئان ئەتراپىغا قاراشتى، لېكىن يېنىدا ھەزرىتى ئەيسادىن باشقا ھېچكىم كۆرۈنمىدى.

9تاغدىن چۈشۈۋېتىپ، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا ئىنسانئوغلى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلمىگۈچە، كۆرگەنلىرىنى ھېچكىمگە تىنماسلىقنى بۇيرۇدى. 10ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ سۆزىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، «ئۆلۈمدىن تىرىلىش» دېگەننىڭ مەنىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئۆزئارا پىكىرلەشتى.

11شاگىرتلار ھەزرىتى ئەيسادىن يەنە:

_ تەۋرات ئۇستازلىرى نېمە ئۈچۈن: «ئىلياس پەيغەمبەر قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھ كېلىشتىن ئاۋۋال قايتىپ كېلىشى كېرەك» دېيىشىدۇ؟ _ دەپ سوراشتى.

12-13ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ ئەلۋەتتە، ئىلياس پەيغەمبەر چوقۇم قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھتىن ئاۋۋال كېلىپ، ھەممىنى قېلىپىغا سالىدۇ. ئۇنداقتا، مۇقەددەس يازمىلاردا ئىنسانئوغلى كۆپ ئازاب-ئوقۇبەت چېكىدۇ ۋە رەت قىلىنىدۇ، دەپ پۈتۈلگىنىگە قانداق قارايسىلەر؟ بىلىپ قويۇڭلاركى، ئىلياس پەيغەمبەر ھەقىقەتەن كەلدى* ۋە خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا ئۇ ھەققىدە يېزىلغاندەك، كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا قىلمىغان ئەسكىلىكى قالمىدى.

جىن چاپلاشقان بالىنىڭ ساقايتىلىشى

14ئۇلار باشقا شاگىرتلارنىڭ يېنىغا قايتىپ بارغىنىدا، نۇرغۇن خالايىقنىڭ ئۇلارنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋالغانلىقىنى، بىرمۇنچە تەۋرات ئۇستازلىرىنىڭ ئۇلار بىلەن مۇنازىرىلىشىۋاتقانلىقىنى كۆردى. 15خالايىق ھەزرىتى ئەيسانى كۆرۈپ ئىنتايىن ھەيران بولۇشتى ۋە يۈگۈرۈپ كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن سالاملاشتى. 16ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىدىن:

_ ئۇلار بىلەن نېمە توغرۇلۇق مۇنازىرىلىشىۋاتىسىلەر، _ دەپ سورىدى. 17كۆپچىلىكتىن بىرەيلەن ئۇنىڭغا:

_ ئۇستاز، مەن ئوغلۇمنى سىزنىڭ ئالدىڭىزغا ئېلىپ كەلدىم، چۈنكى ئۇنىڭغا جىن چاپلىشىۋېلىپ، گەپ قىلالماس قىلىپ قويدى. 18جىن ھەر قېتىم ئوغلۇمغا چاپلاشسا، ئۇنى يەرگە يىقىتىۋېتىدۇ. بالىنىڭ ئاغزىدىن كۆپۈك چىقىپ، چىشلىرى كىرىشىپ كېتىدۇ. پۈتۈن ئەزايى قېتىپ قالىدۇ. شاگىرتلىرىڭىزدىن جىننى ھەيدىۋېتىشنى سورىغانىدىم، بىراق ئۇلارنىڭ قوللىرىدىن كەلمىدى، _ دېدى.

19_ ئەي ئېتىقادسىز ئەۋلاد! سىلەر ماڭا ئىشەنگۈچە، مەن سىلەر بىلەن يەنە قانچىلىك بىللە بولۇشۇم كېرەك؟ يەنە قاچانغىچە بەرداشلىق بېرەي؟ _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا، _ بالىنى ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار.

20ئۇلار بالىنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. جىن ھەزرىتى ئەيسانى كۆرۈش بىلەنلا بالىنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى تارتىشتۇرۇۋەتتى.

بالا يىقىلىپ، ئاغزىدىن كۆپۈك چىقىپ، يەردە يۇمىلاشقا باشلىدى.

21ھەزرىتى ئەيسا بالىنىڭ ئاتىسىدىن:

_ ئۇنىڭ بېشىغا بۇ كۈن كەلگىنىگە قانچىلىك ۋاقىت بولدى؟ _ دەپ سورىدى.

_ كىچىكىدىن تارتىپ شۇنداق. 22جىن ئۇنى يوقىتىش ئۈچۈن، كۆپ قېتىم ئوتقا ۋە سۇغا تاشلىدى. قولىڭىزدىن كەلسە بىزگە شاپائەت قىلىپ، ھالىمىزغا يەتكەيسىز! _ دېدى بالىنىڭ ئاتىسى.

23_ سىز نېمىشقا قولىڭىزدىن كەلسە دەيسىز؟ ئىشەنچ بار بولغان ئادەمگە ھەممە ئىش مۇمكىن! _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا.

24_ ئىشەنچىم بار، لېكىن ئاجىز. ئىشەنچىمنى كۈچەيتكەيسىز! _ دېدى بالىنىڭ ئاتىسى شۇئان. 25ھەزرىتى ئەيسا خالايىقنىڭ يۈگۈرۈشۈپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، جىننى ئەيىبلەپ:

_ ئەي ئادەملەرنى گاس ۋە گاچا قىلىدىغان جىن! بۇيرۇق قىلىمەنكى، بالىنىڭ تېنىدىن چىق، ئىككىنچى كىرگۈچى بولما! _ دېدى.

26شۇنىڭ بىلەن، جىن بىر پەرياد كۆتۈردى-دە، بالىنىڭ بەدىنىنى قاتتىق تارتىشتۇرۇپ، ئۇنىڭ تېنىدىن چىقىپ كەتتى. بالا ئۆلۈكتەك جىم بولۇپ قالدى. ئۇ يەردىكىلەرنىڭ كۆپچىلىكى بالىنى «ئۆلدى!» دېيىشتى. 27لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا بالىنى قولىدىن تۇتۇپ تۇرغۇزغاندا، بالا ئورنىدىن تۇردى.

28ھەزرىتى ئەيسا ئۆيگە كىرىپ، شاگىرتلىرى بىلەن يالغۇز قالغاندا، ئۇلار ئۇنىڭدىن:

_ بىز نېمە ئۈچۈن جىننى ھەيدىيەلمىدۇق؟ _ دەپ سوراشتى.

29ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:

_ بۇ خىل جىننى پەقەت دۇئا بىلەنلا ھەيدىگىلى بولىدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆلۈپ تىرىلىدىغانلىقىنى يەنە ئالدىن ئېيتىشى

30ئۇلار بۇ يەردىن ئايرىلىپ، جەلىلىيە ئۆلكىسى ئارقىلىق يۈرۈپ كەتتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۆزلىرىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ھېچكىمنىڭ بىلىشىنى خالىمىدى. 31چۈنكى، ئۇ شاگىرتلىرىغا تەلىم بېرىۋاتقان بولۇپ، ئۆزى ھەققىدە:

_ ئىنسانئوغلى باشقىلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلۇپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. لېكىن، ئۆلتۈرۈلۈپ ئۈچ كۈندىن كېيىن تىرىلىدۇ، _ دېگەنىدى. 32شاگىرتلار بۇ سۆزلەرنى چۈشەنمىدى، بىراق ھەزرىتى ئەيسادىن سوراشقىمۇ پېتىنالمىدى.

خۇدانىڭ نەزىرىدە كىم ئەڭ ئۇلۇغ؟

33ئۇلار كەپەرناھۇم شەھىرىگە كەلدى. ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىدىن:

_ يولدا نېمە توغرىسىدا تالاش-تارتىش قىلىشتىڭلار؟ _ دەپ سورىدى. 34ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى زۇۋان سۈرمىدى، چۈنكى ئۇلار يولدا كىمنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئىكەنلىكى توغرىسىدا تالاش-تارتىش قىلىشقانىدى.

35ھەزرىتى ئەيسا ئولتۇرۇپ ئون ئىككى شاگىرتىنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا:

_ كىم ئالدىنقىسى بولۇشنى خالىسا، ئەڭ ئاخىرقىسى ۋە ھەممەيلەننىڭ خىزمەتكارى بولسۇن، _ دېدى. 36ئاندىن، ئۇ كىچىك بىر بالىنى ئوتتۇرىدا تۇرغۇزدى ۋە ئۇنى قۇچىقىغا ئېلىپ تۇرۇپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

37_ كىم مېنى دەپ، بۇنداق كىچىك بالىنى قوبۇل قىلسا، ئۇ مېنىمۇ قوبۇل قىلغان بولىدۇ. كىم مېنى قوبۇل قىلسا، ئۇ مېنىلا ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكۈچىنىمۇ قوبۇل قىلغان بولىدۇ.

قارشى تۇرماسلىق قوللىغانلىقتۇر

38يۇھاننا ھەزرىتى ئەيساغا:

_ ئۇستاز، سىزنىڭ نامىڭىز بىلەن جىنلارنى ھەيدەۋاتقان بىرسىنى كۆردۇق. لېكىن، ئۇ بىزگە ئوخشاش سىزگە ئەگەشمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنى توستۇق، _ دېدى.

39_ ئۇنى توسماڭلار، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا، _ چۈنكى مېنىڭ نامىم بىلەن مۆجىزە ياراتقان كىشى ئارقىدىنلا مېنىڭ ئۈستۈمدىن يامان گەپ قىلمايدۇ. 40بىزگە قارشى تۇرمىغانلار بىزنى قوللىغانلاردۇر. 41بىلىپ قويۇڭلاركى، قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، سىلەرگە ھەتتا بىرەر چىنە سۇ بەرگەن كىشىمۇ جەزمەن مېنىڭ ئىنئامىمدىن مەھرۇم قالمايدۇ.

گۇناھنىڭ ئېزىتقۇلۇقى

42_ كىمدەكىم ماڭا ئېتىقاد قىلغان بۇنداق كىچىكلەردىن بىرىنى گۇناھقا ئازدۇرسا، شۇ ئادەم ئۈچۈن ئېيتقاندا بوينىغا يوغان تۈگمەن تېشى ئېسىلغان ھالدا دېڭىزغا چۆكتۈرۈلگىنى ئەۋزەل. 4344ئەگەر قولۇڭ سېنى گۇناھقا ئازدۇرسا، ئۇنى كېسىپ تاشلا. ئىككى قولۇڭ بار ھالدا دوزاخقا، مەڭگۈ ئۆچمەس ئوتقا كىرگىنىڭدىن كۆرە، چولاق ھالدا مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكىنىڭ ئەۋزەل. 4546ئەگەر پۇتۇڭ سېنى گۇناھقا ئازدۇرسا، ئۇنى كېسىپ تاشلا. ئىككى پۇتۇڭ بار ھالدا دوزاخقا تاشلانغىنىڭدىن كۆرە، توكۇر ھالدا مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكىنىڭ ئەۋزەل. 47ئەگەر كۆزۈڭ سېنى گۇناھقا ئازدۇرسا، ئۇنى ئويۇپ تاشلا. ئىككى كۆزۈڭ بار ھالدا دوزاخقا تاشلانغىنىڭدىن كۆرە، بىرلا كۆزۈڭ بىلەن بولسىمۇ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرگىنىڭ ئەۋزەل. 48دوزاختا قۇرت-قوڭغۇز ئۆلمەيدۇ، يالقۇنلۇق ئوت ئۆچمەيدۇ.*

49ھەربىر قۇربانلىق تۇزلانغاندەك، ھەممە ئادەم ئوتتىن ئۆتىدۇ.*

50تۇز ياخشى نەرسىدۇر. بىراق، تۇز ئۆز كۈچىدىن قالسا، ئۇنى قانداق ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ؟ شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ تۇزدەك بولۇپ ئاراڭلاردىكى ئىناقلىقىنى ساقلاڭلار.



*13-12يەھۇدىيلار تەۋراتتىكى «قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھ كېلىشتىن بۇرۇن ئىلياس پەيغەمبەر مەسىھنىڭ يولىنى تەييارلاش ئۈچۈن قايتىپ كېلىدۇ» دېگەن بېشارەتكە ئاساسەن ئۇنىڭ كېلىشىنى كۈتۈۋاتقانىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ئىلياس پەيغەمبەردەك كۈچ-قۇدرەت بىلەن كەلگەن يەھيا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى ئېيتقان.

*48بەزى گرېكچە نۇسخىلاردا بۇ ئايەت 44- ۋە 46- ئايەتتە تەكرارلىنىدۇ.

*49 «ئوتتىن ئۆتىدۇ» _ سۆزمۇسۆز بولغاندا «ئوت بىلەن تۇزلىنىدۇ». بۇ، سىناقتىن ئۆتۈپ، پاكلىنىشنى بىلدۈرىدۇ.



 

10

تالاق توغرىسىدىكى تەلىم

1ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، يەھۇدىيە ئۆلكىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدىكى رايونلارغا باردى. ئۇنىڭ ئەتراپىغا يەنە توپ-توپ ئادەم يىغىلغانىدى. ئۇ كۆپچىلىككە ھەر قېتىمقىدەك تەلىم بېرىشكە باشلىدى.

2ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىغا كەلگەن بەزى پەرىسىيلەر ئۇنىڭغا تۇزاق قۇرۇش مەقسىتىدە:

_ بىر ئادەمنىڭ ئايالىنى تالاق قىلىشى تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

3_ مۇسا پەيغەمبەر سىلەرگە نېمە دەپ بۇيرۇغان؟ _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.

4_ مۇسا پەيغەمبەر ئەرلەرنىڭ ئايالىنى بىر پارچە تالاق خېتى يېزىپلا تالاق قىلىشىغا رۇخسەت قىلغان، _ دېيىشتى ئۇلار.

5ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:

_ تەرسالىقىڭلاردىن مۇسا پەيغەمبەر بۇ بۇيرۇقنى يازغان. 6خۇدا ئالەمنى ياراتقاندا، ئىنسانلارنى «ئەر ۋە ئايال قىلىپ ياراتتى». 7«بىر ئادەمنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ، ئايالى بىلەن بىرلىشىپ 8بىر تەن بولۇشى ئەنە شۇ سەۋەبتىندۇر.» شۇنداق ئىكەن، ئەر-ئايال ئايرىم-ئايرىم ئىككى تەن بولماستىن، بىر تەندۇر. 9شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا قوشقاننى ئىنسان ئايرىمىسۇن، _ دېدى.

10ئۇلار ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، شاگىرتلىرى بۇ ھەقتە ھەزرىتى ئەيسادىن يەنە سورىدى. 11ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:

_ ئايالىنى تالاق قىلىپ، باشقا بىرىنى ئەمرىگە ئالغان كىشى زىنا قىلغان بولىدۇ. 12ئېرىدىن ئاجرىشىپ باشقا ئەرگە تەگكەن ئايالمۇ زىنا قىلغان بولىدۇ، _ دېدى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ كىچىك بالىلارغا بەخت تىلىشى

13قولىنى تەگكۈزۈپ بەخت تىلىسۇن دەپ، كىشىلەر كىچىك بالىلىرىنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. بىراق، شاگىرتلار ئۇلارنى ئەيىبلىدى. 14بۇنى كۆرگەن ھەزرىتى ئەيسا خاپا بولۇپ، شاگىرتلىرىغا:

_ بالىلار ئالدىمغا كەلسۇن، ئۇلارنى توسماڭلار. چۈنكى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىدىغانلار دەل مۇشۇلارغا ئوخشاشلاردۇر. 15بىلىپ قويۇڭلاركى، كىمدەكىم خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى سەبىي بالىلاردەك قوبۇل قىلمىسا، ئۇنىڭغا ھەرگىز كىرەلمەيدۇ، _ دېدى. 16شۇنىڭ بىلەن، ئۇ بالىلارنى قۇچىقىغا ئېلىپ، ئۇلارغا قوللىرىنى تەگكۈزۈپ بەخت تىلىدى.

مۈلۈكداردىكى مۈشكۈلات

17ھەزرىتى ئەيسا سەپەرگە چىقىش ئالدىدا، بىر كىشى يۈگۈرۈپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئالدىدا تىز پۈكۈپ:

_ ئى ياخشى ئۇستاز، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش ئۈچۈن قانداق قىلىشىم كېرەك؟ _ دەپ سورىدى.

18ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:

_ مېنى نېمىشقا ياخشى دەيسىز؟ يېگانە خۇدادىن باشقا ياخشى يوق. 19سىز تەۋراتتا بۇيرۇلغان «قاتىللىق قىلما، زىنا قىلما، ئوغرىلىق قىلما، يالغان گۇۋاھلىق بەرمە، باشقىلارنى قاقتى-سوقتى قىلما، ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل» دېگەن پەرزلەرنى ئادا قىلىڭ، _ دېدى.

20_ ئۇستاز، بۇلارغا كىچىكىمدىن تارتىپ ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتىمەن، _ دېدى ھېلىقى ئادەم.

21ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا مېھرىبانلىق بىلەن قاراپ:

_ سىزدە قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر ئىش كەم. بېرىپ پۈتۈن مال-مۈلكىڭىزنى سېتىپ، پۇلىنى كەمبەغەللەرگە بېرىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، ئەرشتە خەزىنىڭىز بولىدۇ. ئاندىن كېلىپ ماڭا ئەگىشىڭ! _ دېدى.

22بۇ سۆزنى ئاڭلاش بىلەنلا بۇ ئادەمنىڭ چىرايى ئۆزگىرىپ، قايغۇ ئىچىدە ئۇ يەردىن كېتىپ قالدى. چۈنكى، ئۇنىڭ مال-دۇنياسى ناھايىتى كۆپ ئىدى.

23ھەزرىتى ئەيسا ئۆپچۆرىسىگە كۆز يۈگۈرتۈپ چىققاندىن كېيىن، شاگىرتلىرىغا:

_ مال-دۇنياسى كۆپلەرنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشى نېمىدېگەن تەس-ھە! _ دېدى.

24شاگىرتلار ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ھەيران بولۇشتى. لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا يەنە:

_ بالىلىرىم، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىش نېمىدېگەن تەس-ھە! 25بايلارنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشى تۆگىنىڭ يىڭنە تۆشۈكىدىن ئۆتۈشىدىنمۇ تەس ئىكەن! _ دېدى.

26شاگىرتلار تېخىمۇ ھەيران بولۇشۇپ، بىر-بىرىدىن:

_ ئۇنداقتا، كىم قۇتقۇزۇشقا ئېرىشەلەيدۇ؟ _ دەپ سوراشتى. 27ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا قاراپ:

_ بۇ، ئىنسانلارنىڭ قولىدىن ئەمەس، خۇدانىڭلا قولىدىن كېلىدىغان ئىشتۇر، چۈنكى خۇدا ھەممىگە قادىردۇر، _ دېدى.

28_ مانا بىز ھەممىنى تاشلاپ سىزگە ئەگەشتۇق! سىزچە، بىز قۇتقۇزۇلامدۇق؟ _ دېدى پېترۇس كەينىدىنلا.

29_ بىلىپ قويۇڭلاركى، مېنى ۋە خۇش خەۋەرنى دەپ، ئۆيى، ئاكا-ئۇكىلىرى، ئاچا-سىڭىللىرى، ئاتا-ئانىسى، بالا-چاقىلىرى ياكى يەر-زېمىنلىرىدىن ۋاز كەچكەنلەرنىڭ ھەممىسى 30بۇ دۇنيادا زىيانكەشلىككە ئۇچراش بىلەن بىرگە يۈز ھەسسىلەپ ئۆي، ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىل، ئانا، بالا-چاقا ۋە يەر-زېمىنلارغا ئېرىشىدۇ. كېلىدىغان دۇنيادىمۇ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدۇ. 31لېكىن شۇ چاغدا، نۇرغۇن ئالدىنقى قاتاردىكىلەر ئاخىرقىلار بولىدۇ، نۇرغۇن ئاخىرقىلار ئالدىنقى قاتارغا چىقىدۇ، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆلۈپ تىرىلىدىغانلىقىنى يەنە ئالدىن ئېيتىشى

32ئۇلار يېرۇسالېمغا بارىدىغان يولدا ئىدى، ھەزرىتى ئەيسا ھەممىنىڭ ئالدىدا كېتىۋاتاتتى. شاگىرتلىرى ئۇنىڭ خەتەر يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بولغان ئۇ شەھەرگە ئالدىراپ ماڭغانلىقىدىن ھەيران ئىدى، ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرمۇ قورقۇنچ ئىچىدە كېتىۋاتاتتى. ھەزرىتى ئەيسا ئون ئىككى شاگىرتىنى يەنە بىر چەتكە تارتىپ، ئۇلارغا ئۆز بېشىغا كېلىدىغانلارنى ئۇقتۇرۇپ:

33_ مانا بىز ھازىر يېرۇسالېمغا كېتىۋاتىمىز. ئىنسانئوغلى ئالىي روھانىيلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرىغا تاپشۇرۇلىدۇ. ئۇلار ئۇنى ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلىپ، رىملىقلارغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. 34رىملىقلار ئۇنى مەسخىرە قىلىدۇ، يۈزىگە تۈكۈرىدۇ، ئۇنى قامچىلايدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ. لېكىن، ئۇ ئۈچ كۈندىن كېيىن قايتا تىرىلىدۇ، _ دېدى.

ياقۇپ بىلەن يۇھاننانىڭ تەلىپى

35زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرى ياقۇپ بىلەن يۇھاننا ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ:

_ ئۇستاز، بىزنىڭ بىر تەلىپىمىز بار ئىدى. ئورۇنداپ بېرىشىڭىزنى ئۆتۈنىمىز، _ دېيىشتى.

36_ سىلەرگە نېمە قىلىپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلىسىلەر؟ _ دەپ سورىدى ھەزرىتى ئەيسا.

37_ سىز شان-شەرەپكە ئېرىشكىنىڭىزدە، بىرىمىزنى ئوڭ يېنىڭىزدا، بىرىمىزنى سول يېنىڭىزدا ئولتۇرغۇزغايسىز، _ دېيىشتى ئۇلار.

38_ سىلەر نېمە تەلەپ قىلغانلىقىڭلارنى بىلمەيۋاتىسىلەر، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا، _ مەن ئىچىدىغان ئازاب قەدىھىنى ۋە مەن قوبۇل قىلىدىغان چۆمۈلدۈرۈشنى سىلەرمۇ قوبۇل قىلالامسىلەر؟*

39_ قوبۇل قىلالايمىز، _ دېيىشتى ئۇلار.

ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:

_ سىلەر ھەقىقەتەنمۇ مېنىڭ ئازاب قەدىھىمگە ۋە چۆمۈلدۈرۈلۈشۈمگە ئورتاق بولىسىلەر. 40بىراق، ئوڭ ياكى سول يېنىمدا ئولتۇرۇشۇڭلارغا رۇخسەت قىلىش مېنىڭ ئىختىيارىمدا ئەمەس. بۇ ئورۇنلار كىملەرگە تەييارلانغان بولسا، شۇلار ئولتۇرىدۇ، _ دېدى.

41بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان باشقا ئون شاگىرت ياقۇپ بىلەن يۇھانناغا خاپا بولۇشقا باشلىدى. 42ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى يېنىغا چاقىرىپ، مۇنداق دېدى:

_ سىلەرگە مەلۇم، بۇ دۇنيادىكى ھۆكۈمران دەپ قارالغانلار قول ئاستىدىكى خەلق ئۈستىدىن رەھىمسىزلىك بىلەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدۇ. ئەمىرلىرى ئۇلارنى قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىدارە قىلىدۇ. 43بىراق، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بۇنداق ئىش بولمىسۇن. سىلەردىن كىم مەرتىۋىلىك بولۇشنى خالىسا، ئۇ قالغانلارغا خىزمەت قىلسۇن. 44كىم بىرىنچى بولۇشنى خالىسا، ئۇ ھەممە ئادەمنىڭ قۇلى بولسۇن. 45چۈنكى، ئىنسانئوغلىمۇ باشقىلارنى ئۆزىگە خىزمەت قىلدۇرغىلى ئەمەس، باشقىلارغا خىزمەت قىلغىلى ۋە جېنىنى پىدا قىلىش بەدىلىگە نۇرغۇن ئادەملەرنى گۇناھتىن ئازاد قىلغىلى كەلدى.

قارىغۇ بارتىماينىڭ كۆزىنىڭ ساقايتىلىشى

46كېيىن، ئۇلار ئېرىخا شەھىرىگە كەلدى. ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى ۋە نۇرغۇن خالايىق بىلەن بىللە ئېرىخادىن قايتقان ۋاقىتتا، تىماينىڭ بارتىماي ئىسىملىك قارىغۇ ئوغلى يول بويىدا ئولتۇرۇپ، تىلەمچىلىك قىلىۋاتاتتى. 47ئۇ ناسىرەلىك ئەيسانىڭ ئۇ يەردە ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ:

_ ئى پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى* ئەيسا، ماڭا رەھىم قىلغايسىز! _ دەپ توۋلاشقا باشلىدى.

48نۇرغۇن ئادەملەر ئۇنى ئەيىبلەپ، ئۈنىنى چىقارماسلىقىنى ئېيتتى. لېكىن، ئۇ:

_ ئى پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى، رەھىم قىلغايسىز، _ دەپ تېخىمۇ قاتتىق توۋلىدى.

49ھەزرىتى ئەيسا قەدىمىنى توختىتىپ:

_ ئۇنى چاقىرىڭلار، _ دېدى. چاقىرغىلى بارغانلار قارىغۇغا:

_ قورقما! ئورنۇڭدىن تۇر، ئۇ سېنى چاقىرىۋاتىدۇ! _ دېيىشتى. 50ئۇ ئادەم چاپىنىنى سېلىپ تاشلاپ، ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كەلدى.

51ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭدىن:

_ مەندىن نېمە تەلەپ قىلىسەن؟ _ دەپ سورىدى.

قارىغۇ:

_ ئۇستاز، كۆزۈمنىڭ ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن! _ دېدى.

52ھەزرىتى ئەيسا:

_ قايتساڭ بولىدۇ، ماڭا باغلىغان ئىشەنچىڭ سېنى ساقايتتى، _ دېۋىدى، ئۇ ئادەمنىڭ كۆزى شۇئان ئېچىلدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئادەم يول بويى ھەزرىتى ئەيساغا ئەگىشىپ ماڭدى.



*38بۇ ئايەتتە ھەزرىتى ئەيسانىڭ تارتىدىغان ئازاب-ئوقۇبىتى ۋە كرېستتىكى ئۆلۈمى كۆزدە تۇتۇلغان.

*47داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادى _ بۇ نام يەھۇدىيلار ئارىسىدا ئۇلار كۈتۈۋاتقان قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھنى كۆرسىتەتتى.



 

11

ھەزرىتى ئەيسانىڭ تەنتەنە بىلەن يېرۇسالېمغا كىرىشى

1ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن يېرۇسالېمغا يېقىنلىشىپ، زەيتۇن تېغىنىڭ ئېتىكىدىكى بەيتپاجى ۋە بەيتانىيا دېگەن يېزىلارغا كەلگەندە، ئىككى شاگىرتىنى 2مۇنداق دەپ ئالدىن ئەۋەتتى:

_ سىلەر ئالدىمىزدىكى يېزىغا بېرىڭلار. يېزىغا كىرىپلا، تېخى مىنىلىپ باقمىغان بىر تەخەينىڭ باغلاقلىق تۇرغانلىقىنى كۆرىسىلەر. ئۇنى يېشىپ، يېتىلەپ كېلىڭلار. 3ئەگەر بىرى سىلەردىن: «نېمىشقا بۇنداق قىلىسىلەر؟» دەپ سوراپ قالسا، «رەببىمىزنىڭ بۇنىڭغا ھاجىتى چۈشتى، بىردەمدىن كېيىن قايتۇرۇپ بېرىدۇ» دەڭلار.

4ئۇلار بېرىپ يول ئۈستىدىكى بىر ئۆينىڭ دەرۋازىسى يېنىدا باغلاغلىق تۇرغان بىر تەخەينى كۆردى. ئۇلار تانىنى يېشىۋاتقان چاغدا، 5ئۇ يەردە تۇرغان بەزى كىشىلەر:

_ تەخەينى يېشىپ نېمە قىلىسىلەر؟ _ دېيىشتى. 6شاگىرتلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ دېگەنلىرىنى ئېيتقاندا، ھېلىقى كىشىلەر ئۇلارغا يول قويدى. 7شاگىرتلار تەخەينى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا يېتىلەپ كېلىپ، ئۈستىگە ئۆز چاپانلىرىنى سالدى. ھەزرىتى ئەيسا تەخەيگە مىندى. 8نۇرغۇن خالايىقنىڭ بەزىلىرى چاپانلىرىنى، بەزىلىرى ئۆپچۆرىدىكى ئېتىزلاردىن كەسكەن شاخ-شۇمبىلارنى يولغا پايانداز قىلىپ سالدى. 9ئالدىدا ماڭغان ۋە كەينىدىن ئەگەشكەنلەر:

«خۇداغا شۈكۈر!

پەرۋەردىگارىمىزنىڭ نامىدا كەلگۈچىگە مۇبارەك بولسۇن!

10ئەجدادىمىز داۋۇتنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئىزباسارىغا مۇبارەك بولسۇن!

ئەرشىئەلادىكى خۇداغا شۈكۈرلەر ئوقۇلسۇن!» دەپ ۋارقىرىشاتتى.

11ھەزرىتى ئەيسا يېرۇسالېمغا بېرىپ مەركىزىي ئىبادەتخانا* ھويلىلىرىغا كىردى ۋە ھەممە نەرسىنى كۆزدىن كەچۈردى. بىراق، كەچ كىرىپ قالغاچقا، ئون ئىككى شاگىرتى بىلەن بىللە يەنە بەيتانىياغا قايتتى.

مېۋىسىز ئەنجۈر دەرىخى

12ئەتىسى ئۇلار بەيتانىيادىن چىققاندا، ھەزرىتى ئەيسانىڭ قورسىقى ئېچىپ كەتكەنىدى. 13ئۇ يىراقتىكى باراقسان بىر تۈپ ئەنجۈر دەرىخىنى كۆرۈپ، ھېچبولمىغاندا توڭ ئەنجۈر بولسىمۇ باردۇ دەپ، ئۇنىڭغا قاراپ ماڭدى. دەرەخنىڭ يېنىغا بارغىنىدا، يوپۇرماقتىن باشقا ھېچ نەرسە تاپالمىدى. بۇ، ئەنجۈر پىشىدىغان ۋاقىت ئەمەس ئىدى. 14ھەزرىتى ئەيسا دەرەخكە:

_ بۇنىڭدىن كېيىن ھېچكىم سېنىڭ مېۋەڭنى يېمىگەي! _ دېدى. شاگىرتلىرىمۇ بۇنى ئاڭلىدى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ مەركىزىي ئىبادەتخانىنى تەرتىپكە سېلىشى

15ئۇلار يېرۇسالېمغا كەلدى. ھەزرىتى ئەيسا مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرىپ، ئۇ يەردە ئېلىم-سېتىم قىلىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى ھەيدەپ چىقىرىشقا باشلىدى. پۇل تېگىشىدىغانلارنىڭ شىرەلىرىنى ۋە كەپتەر ساتقۇچىلارنىڭ ئورۇندۇقلىرىنى ئۆرۈپ، 16مال كۆتۈرۈۋالغان ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدىن ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلمىدى.*

17ئۇ خەلققە تەلىم بەرگەندە، مۇنداق دېدى:

_ مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدانىڭ: «مېنىڭ ئۆيۈم پۈتكۈل خەلقلەرنىڭ دۇئا-تىلاۋەتخانىسى دەپ ئاتالسۇن» دېگەن سۆزى يېزىلغان ئەمەسمۇ؟ لېكىن، سىلەر ئۇنى بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلاندۇرۇۋاپسىلەر! _ دېدى.

18ئالىي روھانىيلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى بۇنى ئاڭلاپ، ھەزرىتى ئەيسانى ئۇجۇقتۇرۇۋېتىشنىڭ چارىسىنى ئىزدەشكە باشلىدى. ئۇلار ھەزرىتى ئەيسادىن قورقاتتى، چۈنكى پۈتۈن خالايىق ئۇنىڭ تەلىمىگە ھەيران ئىدى.

19كەچقۇرۇنلىرى، ھەزرىتى ئەيسا بىلەن شاگىرتلىرى شەھەرنىڭ سىرتىغا چىقىپ كېتەتتى.

ئەنجۈر دەرىخىدىن ئېلىنىدىغان ئىبرەت

20ئەتىسى ئەتىگەندە، ھەزرىتى ئەيسا بىلەن شاگىرتلىرى ئەنجۈر دەرىخىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، دەرەخنىڭ يىلتىزىدىن قۇرۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈشتى. 21تۈنۈگۈنكى ۋەقەنى ئېسىگە ئالغان پېترۇس:

_ ئۇستاز، قاراڭ، سىز قارغىغان ئەنجۈر دەرىخى قۇرۇپ كېتىپتۇ! _ دېدى.

22ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېدى:

_ خۇداغا ئىشىنىڭلار. 23بىلىپ قويۇڭلاركى، كىم بۇ تاغقا: «قوزغال، دېڭىزغا تاشلان!» دېسە ۋە كۆڭلىدە گۇمانلانماي، ئېيتقانلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ئىشەنچ قىلسا، ئۇنىڭ تەلىپى ئىجابەت بولىدۇ.

24شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرگە ئېيتىمەنكى، دۇئا بىلەن تىلىگەن ھەرقانداق نەرسىگە ئېرىشتىم، دەپ ئىشىنىڭلار. شۇندا، تەلىپىڭلار ئىجابەت بولىدۇ.

25ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ دۇئا قىلغىنىڭلاردا، بىرەرسىگە قورساق كۆپۈكۈڭلار بارلىقى يادىڭلارغا كەلسە، ئۇنى كەچۈرۈڭلار. شۇ چاغدا، ئەرشتىكى ئاتاڭلارمۇ سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرۈم قىلىدۇ. { 26سىلەر باشقىلارنى كەچۈرۈم قىلمىساڭلار، ئەرشتىكى ئاتاڭلارمۇ سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرۈم قىلمايدۇ.}

ھەزرىتى ئەيسانىڭ ھوقۇقىنىڭ سۈرۈشتۈرۈلۈشى

27ئۇلار يەنە يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدى. ھەزرىتى ئەيسا مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدا ئايلىنىپ يۈرگەندە، ئالىي روھانىيلار، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە ئاقساقاللار ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ:

28_ سىز قىلىۋاتقان ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتىسىز؟ سىزگە بۇنداق قىلىش ھوقۇقىنى كىم بەرگەن؟ _ دەپ سورىدى.

29ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:

_ مەن ئاۋۋال سىلەردىن بىر سوئال سوراي. سىلەر ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىڭلار. شۇ چاغدا، مەنمۇ بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتقانلىقىمنى ئېيتىپ بېرىمەن. 30ئېيتىڭلارچۇ، يەھيا پەيغەمبەرگە چۆمۈلدۈرۈش ھوقۇقىنى خۇدا بەرگەنمۇ ياكى ئىنسانلارمۇ؟ _ دېدى.

31ئۇلار ئۆزئارا مۇنازىرە قىلىشقا باشلاپ:

_ ئەگەر «خۇدا بەرگەن» دېسەك، ئۇ: «ئۇنداقتا سىلەر نېمە ئۈچۈن يەھياغا ئىشەنمىدىڭلار؟» دەيدۇ. 32بىراق، بىز قانداقمۇ: «ئىنسانلار بەرگەن» دېيەلەيمىز؟! _ دېيىشتى. چۈنكى، ئۇلار يەھيانى ھەقىقەتەن پەيغەمبەر، دەپ ھېسابلايدىغان خەلقتىن قورقاتتى.

33بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ھەزرىتى ئەيساغا:

_ بىلمەيمىز، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى.

_ ئۇنداقتا، مەنمۇ بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتقانلىقىمنى ئېيتمايمەن، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا.



*11مەركىزىي ئىبادەتخانا _ ئەينى چاغدا، يەھۇدىيلارنىڭ نۇرغۇن ئىبادەتخانىلىرى بولۇپ، بۇ يەھۇدىيلارنىڭ ئەڭ كۆپ يىغىلىپ ئىبادەت قىلىدىغان جايى ئىدى. خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە، پەقەت يېرۇسالېمدىكى مەركىزىي ئىبادەتخانىدىلا قۇربانلىق قىلىش توغرا بولاتتى.

*16ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدا سېتىلغان ھايۋان ۋە ئۇچارقاناتلار خەلقنىڭ قۇربانلىق قىلىشى ئۈچۈن ئىدى. ئىبادەتخانىغا سەدىقە بەرگۈچىلەر پۇلىنى يەرلىك پۇلغا تېگىشكەندىن كېيىن بېرىشى كېرەك ئىدى.



 

12

يامان ئىجارىكەشلەر ھەققىدىكى تەمسىل

1ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا تەمسىللەر بىلەن سۆزلەشكە باشلىدى:

_ بىر كىشى بىر ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلىپ، ئەتراپىنى چىتلاپتۇ. مۇسەللەس ئىشلەش ئۈچۈن ئۈزۈمزارلىققا بىر كۆلچەك قازدۇرۇپتۇ ۋە بىر كۆزەتخانا ياسىتىپتۇ. كېيىن، ئۈزۈمزارلىقنى ئىجارىگە بېرىپ، ئۆزى يىراق بىر يەرگە كېتىپتۇ. 2ئۈزۈملەرنى ئۈزىدىغان مەزگىل كەلگەندە، ئۇ ھوسۇلنىڭ بىر ئۈلۈشىنى ئېلىپ كېلىشكە قۇللىرىدىن بىرىنى ئىجارىكەشلەرنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپتۇ. 3لېكىن، ئىجارىكەشلەر ھېلىقى قۇلنى تۇتۇۋېلىپ دۇمبالاپ، قۇرۇق قول قايتۇرۇپتۇ. 4خوجايىن يەنە بىر قۇلىنى ئەۋەتىپتۇ. ئىجارىكەشلەر ئۇنىڭمۇ باش-كۆزىنى يېرىپ، ھاقارەتلەپ قايتۇرۇپتۇ. 5كېيىن، خوجايىن يەنە بىر قۇلىنى ئەۋەتىپتۇ. لېكىن ئۇ ئۆلتۈرۈلۈپتۇ. يەنە بىرمۇنچە قۇللىرىنى ئەۋەتىپتۇ، ئۇلارنىڭمۇ بەزىلىرى تاياق يەپ، بەزىلىرى ئۆلتۈرۈلۈپتۇ. 6خوجايىننىڭ يېنىدا بىرلا ئادىمى، يەنى ئۇنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلىلا قاپتۇ. ئۇ ئوغلۇمنىغۇ ھۆرمەت قىلار دەپ، ئىجارىكەشلەرنىڭ يېنىغا ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنى ئەۋەتىپتۇ. 7لېكىن، ئىجارىكەشلەر ئۆزئارا: «بۇ بولسا خوجايىننىڭ مىراسخورى. كېلىڭلار، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتەيلى، ئۈزۈمزارلىق بىزگە ئوڭچە قالسۇن» دېيىشىپتۇ. 8شۇنداق قىلىپ، ئۇنى تۇتۇپ ئۆلتۈرۈپ، ئۈزۈمزارلىقنىڭ سىرتىغا سۆرەپ ئاچىقىۋېتىپتۇ. 9بۇنداق ئەھۋالدا، ئۈزۈمزارلىقنىڭ خوجايىنى بۇ ئىجارىكەشلەرنى قانداق قىلىدۇ؟ جەزمەن ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئۈزۈمزارلىقىنى باشقىلارغا ئىجارىگە بېرىدۇ. 10سىلەر زەبۇردىكى مۇنۇ سۆزلەرنى زادى ئوقۇمىغانمىدىڭلار؟

«تامچىلار تاشلىۋەتكەن تاش

قۇرۇلۇشنىڭ ئۇل تېشى بولۇپ قالدى.

11بۇ، پەرۋەردىگار تەرىپىدىندۇر،

بىز ئۈچۈن ئاجايىپ بىر ئىشتۇر.»

12ھەزرىتى ئەيسانىڭ بۇ تەمسىلنى ئۆزلىرىگە قارىتىپ ئېيتقانلىقىنى چۈشەنگەن يەھۇدىيلارنىڭ چوڭلىرى ئۇنى تۇتقۇن قىلماقچى بولدى. لېكىن، خەلقتىن قورقۇپ، ئۇنى تاشلاپ كېتىپ قالدى.

باج تاپشۇرۇش مەسىلىسى

13شۇنىڭدىن كېيىن، يەھۇدىيلارنىڭ چوڭلىرى ھەزرىتى ئەيسانى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ سۆزلىرى بىلەن تۇزاققا چۈشۈرۈش مەقسىتىدە پەرىسىيلەردىن ۋە رىمدىن تەيىنلەنگەن ھىرود پادىشاھنىڭ تەرەپدارلىرىدىن بەزىلەرنى ئۇنىڭ يېنىغا ئەۋەتتى. 14ئۇلار كېلىپ ھەزرىتى ئەيساغا:

_ ئۇستاز، سىزنىڭ سەمىمىي ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى، ھېچكىمگە يۈز-خاتىر قىلمايدىغانلىقىڭىزنى بىلىمىز، چۈنكى كىشىلەرنىڭ سىرتقى قىياپىتى بىلەن ھېسابلاشماي، ئۇلارغا خۇدانىڭ يولىنى سادىقلىق بىلەن ئۆگىتىپ كەلدىڭىز. سىزچە رىم ئىمپېراتورى قەيسەرگە باج تاپشۇرۇشىمىز تەۋرات قانۇنىمىزغا خىلاپمۇ قانداق؟* زادى باج تاپشۇرامدۇق-تاپشۇرمامدۇق؟ _ دېيىشتى.

15ئۇلارنىڭ ساختىپەزلىكىنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا:

_ نېمىشقا مېنى سۆزۈم ئارقىلىق ئىلىندۇرماقچى بولۇۋاتىسىلەر؟ ماڭا بىر دانە كۈمۈش تەڭگە بېرىڭلار، كۆرۈپ باقاي، _ دېدى.

16پۇل ئېلىپ كېلىندى، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن:

_ بۇنىڭ ئۈستىدىكى سۈرەت ۋە ئىسىم كىمنىڭ؟ _ دەپ سورىدى.

_ رىم ئىمپېراتورى قەيسەرنىڭ، _ دېيىشتى ئۇلار.

17_ ئۇنداق بولسا، قەيسەرنىڭ ھەققىنى قەيسەرگە، خۇدانىڭ ھەققىنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا. ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ سۆزلىرىگە ھەيران قېلىشتى.

تىرىلىشكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلە

18ئۆلگەنلەر تىرىلمەيدۇ، دەپ قارايدىغان سادۇقىي دىنىي ئېقىمىدىكىلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ:

19_ ئۇستاز، مۇسا پەيغەمبەر تەۋراتتا: «بىر كىشى ئۆلۈپ كېتىپ، ئايالى تۇل قېلىپ، پەرزەنت كۆرمىگەن بولسا، ئۆلگۈچىنىڭ ئاكا ياكى ئىنىسى تۇل قالغان يەڭگىسىنى ئەمرىگە ئېلىپ، قېرىندىشى ئۈچۈن نەسىل قالدۇرۇشى لازىم» دەپ يازغان. 20بۇرۇن يەتتە ئاكا-ئۇكا ئۆتكەنىكەن، چوڭى ئۆيلىنىپ پەرزەنت قالدۇرمايلا ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. 21كەينىدىكى ئىنىسى يەڭگىسىنى ئەمرىگە ئېلىپ، ئۇمۇ پەرزەنت كۆرمەي ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. كەينىدىكى ئىنىسىمۇ شۇنداق بولۇپتۇ. 22شۇنداق قىلىپ يەتتىنچىسىگىچە ئۇنى ئېلىپ چىقىپتۇ. لېكىن، ھېچقايسىسى پەرزەنت كۆرمەي ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. ئاخىردا، ئۇ ئايالمۇ ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. 23ئەمدى سورايدىغىنىمىز شۇكى: قىيامەت كۈنى بۇ ئايال كىمنىڭ ئايالى بولۇپ تىرىلىدۇ؟ چۈنكى، يەتتە قېرىنداشنىڭ ھەممىسى ئۇنى خوتۇنلۇققا ئالغان-دە! _ دېيىشتى.

24ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ سىلەر مۇقەددەس يازمىلارنى ۋە خۇدانىڭ قۇدرىتىنى بىلمىگەنلىكىڭلار ئۈچۈن مانا مۇشۇنداق خاتالىشىسىلەر ئەمەسمۇ؟!

25ئۆلۈمدىن تىرىلگەندىن كېيىن ئىنسانلار ئەرشتىكى پەرىشتىلەرگە ئوخشاش، خوتۇن ئالمايدۇ، ئەرگە تەگمەيدۇ. 26ئۆلۈمدىن تىرىلىش مەسىلىسى ھەققىدە مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن تەۋراتتا ئوقۇمىدىڭلارمۇ؟ ئەجدادلىرىمىز ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار ئاللىبۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، تەۋراتتىكى «تىكەنلىكنىڭ كۆيۈشى» ھەققىدىكى باياندا خۇدا ئۇلارنى تىرىك ھېسابلاپ: «مەن ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا بولىمەن!» دەيدۇ. 27دېمەك، خۇدا ئۆلۈكلەرنىڭ ئەمەس، تىرىكلەرنىڭ خۇداسىدۇر. سىلەر تامامەن خاتالاشتىڭلار.

ئەڭ مۇھىم ئەمر

28ئۇلارنىڭ مۇنازىرىسىنى ئاڭلىغان ۋە ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۇلارغا ياخشى جاۋاب بەرگەنلىكىنى كۆرگەن بىر تەۋرات ئۇستازى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ:

_ پۈتۈن ئەمرلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى قايسى؟ _ دەپ سورىدى.

29ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ ئەڭ مۇھىمى شۇكى، «ئاڭلىغىن ئەي ئىسرائىللار! پەرۋەردىگارىمىز بولغان خۇدا بىردىنبىر خۇدادۇر. 30پەرۋەردىگارىڭ بولغان خۇدانى پۈتۈن قەلبىڭ، پۈتۈن جېنىڭ، پۈتۈن زېھنىڭ ۋە پۈتۈن كۈچۈڭ بىلەن سۆيگىن.» 31يەنە بىر ئەمر بولسا «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي.» مانا بۇلاردىن مۇھىم ئەمر يوق.

32_ توغرا ئېيتتىڭىز، ئۇستاز، _ دېدى تەۋرات ئۇستازى ھەزرىتى ئەيساغا، _ «خۇدا بىردۇر، ئۇنىڭدىن باشقىسى يوقتۇر» دېگىنىڭىز دۇرۇس. 33ئىنساننىڭ خۇدانى پۈتۈن قەلبى، پۈتۈن ئەقلى ۋە پۈتۈن كۈچى بىلەن سۆيۈشى ھەم قوشنىسىنىمۇ ئۆزىنى سۆيگەندەك سۆيۈشى خۇداغا ئاتالغان ھەرقانداق كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ھەدىيىلەردىنمۇ مۇھىمدۇر.

34ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭ ئاقىلانە جاۋاب بەرگەنلىكىنى كۆرۈپ:

_ سىز خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدىن يىراق ئەمەسسىز، _ دېدى.

شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇنىڭدىن ھېچكىم سوئال سوراشقا پېتىنالمىدى.

قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھنىڭ سالاھىيىتى

35ھەزرىتى ئەيسا مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدا تەلىم بېرىۋېتىپ، مۇنداق سوئالنى ئوتتۇرىغا قويدى:

_ تەۋرات ئۇستازلىرى قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھنى پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى، دەپ تۇرۇۋالسا قانداق بولىدۇ؟ 36داۋۇت پادىشاھ ئۆزى مۇقەددەس روھنىڭ ئىلھامى بىلەن مۇنداق دېگەنغۇ:

«پەرۋەردىگار خوجايىنىمغا ئېيتتىكى:

‹مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى

ئايىغىڭ ئاستىدا دەسسەتكۈچە،

مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا ئولتۇرغىن!›»

37قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھ پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى بولسىمۇ، لېكىن پادىشاھ داۋۇت مەسىھنى «خوجايىنىم» دېگەن يەردە مەسىھ ئۇنىڭدىن ئۇلۇغ بولمامدۇ؟!

ھەزرىتى ئەيسانىڭ تەۋرات ئۇستازلىرىنى ئەيىبلىشى

ئۇ يەردىكى جامائەت ھەزرىتى ئەيسانىڭ سۆزىنى زوق بىلەن ئاڭلايتتى. 38ھەزرىتى ئەيسا تەلىم بېرىپ مۇنداق دېدى:

_ تەۋرات ئۇستازلىرىدىن ھوشيار بولۇڭلار. ئۇلار ئۇزۇن تونلارنى كىيىۋېلىپ، غادىيىپ يۈرۈشكە ئامراق كېلىدۇ. بازارلاردا باشقىلارنىڭ ئۆزلىرىگە سالام بېرىپ ھۆرمەتلىشىنى، 39ئىبادەتخانىلاردا ئالاھىدە ئورۇندا ئولتۇرۇشنى، زىياپەتلەردىمۇ تۆردە ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. 40ئۇلار تۇل ئاياللاردىن نەپ ئېلىپ، ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى يەۋېلىپ، ئاندىن ئەتەي باشقىلار كۆرسۇن دەپ، ئۇزۇندىن-ئۇزۇن دۇئا قىلىدۇ. ئۇلار جەزمەن تېخىمۇ قاتتىق جازاغا تارتىلىدۇ!

تۇل ئايالنىڭ ئىئانىسى

41ھەزرىتى ئەيسا مەركىزىي ئىبادەتخانىدىكى ئىئانە يىغىلىدىغان جاينىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ، ئۆز ئىئانىلىرىنى تاشلاۋاتقان جامائەتكە قاراپ تۇراتتى. نۇرغۇن بايلار ساندۇققا خېلى كۆپ پۇل تاشلىدى. 42بىر كەمبەغەل تۇل ئايالمۇ كېلىپ، بىرنەچچە تىيىنلا قىممىتىدىكى ئىككى تەڭگىنى تاشلىدى.

43ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇ نامرات تۇل ئايالنىڭ ئىئانىسى خۇدانىڭ نەزىرىدە ھەممەيلەننىڭكىدىن كۆپ. 44چۈنكى، باشقىلار ئۆزلىرىنىڭ ئاشقان بايلىقلىرىدىن ئىئانە قىلدى. لېكىن، بۇ ئايال نامرات تۇرۇقلۇق، ئۆزىنىڭ بار-يوقىنى _ تىرىكچىلىك قىلىدىغان ھەممە نەرسىسىنى ئىئانە قىلدى.



*14ئەينى ۋاقىتتا، يەھۇدىيلار رىملىقلارنىڭ زۇلمى ئاستىدا ياشاۋاتقان بولۇپ، ئەگەر ھەزرىتى ئەيسا: «رىم ئىمپېراتورىغا باج تاپشۇرۇش توغرا» دېسە، بۇ گەپ ئازادلىقنى ئىستىگەن كىشىلەرگە ياقمايتتى. ناۋادا كىشىلەرنى باج تاپشۇرماسلىققا چاقىرسا، رىم ئىمپېرىيىسىگە قارشى چىققان بولاتتى. ئۇلار مۇشۇنداق سوئاللارنى سوراش ئارقىلىق ھەزرىتى ئەيسانى گېپىدىن تۇتۇۋېلىپ، رىملىقلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ، ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولۇشقان.



 

13

مەركىزىي ئىبادەتخانىنىڭ ۋەيران قىلىنىشىدىن بېشارەت

1ھەزرىتى ئەيسا مەركىزىي ئىبادەتخانىدىن چىقىۋاتقاندا، شاگىرتلىرىدىن بىرى ئۇنىڭغا:

_ ئۇستاز، قاراڭ، بۇ نېمىدېگەن كۆركەم تاشلار! نېمىدېگەن ھەيۋەتلىك ئىمارەتلەر! _ دېدى.

2ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:

_ سەن بۇ ھەيۋەتلىك ئىمارەتلەرنى كۆرۈۋاتامسەن؟ بۇ يەردىكى ھەممە نەرسە گۇمران قىلىنىدۇ، ھەتتا بىر تال ئۇل تېشىمۇ جايىدا قالدۇرۇلمايدۇ، _ دېدى.

3ھەزرىتى ئەيسا زەيتۇن تېغىدا مەركىزىي ئىبادەتخانا تەرەپكە قاراپ ئولتۇرغاندا، پېترۇس، ياقۇپ، يۇھاننا ۋە ئەندەرلەر ئاستىغىنا ئۇنىڭدىن:

4_ بىزگە ئېيتىڭچۇ، بۇ دېگەنلىرىڭىز قاچان يۈز بېرىدۇ؟ بۇلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان قانداق بېشارەت بولىدۇ؟ _ دەپ سوراشتى.

5ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى:

_ باشقىلارنىڭ ئازدۇرۇشىدىن ھوشيار بولۇڭلار. 6نۇرغۇن كىشىلەر مېنىڭ نامىمنى سېتىپ، «قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھ مەن بولىمەن!» دەۋېلىپ، كۆپ ئادەملەرنى ئازدۇرىدۇ. 7سىلەر ئۇرۇش خەۋەرلىرى ۋە ئۇرۇش شەپىلىرىنى ئاڭلىغان ۋاقتىڭلاردىمۇ، ئالاقزادە بولۇپ كەتمەڭلار، چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى مۇقەررەر. لېكىن بۇ، زامان ئاخىرى يېتىپ كەلدى، دېگەنلىك ئەمەس. 8بىر مىللەت يەنە بىر مىللەت بىلەن ئۇرۇش قىلىدۇ. بىر دۆلەت يەنە بىر دۆلەتكە ھۇجۇم قىلىدۇ. نۇرغۇن جايلاردا يەر تەۋرەش ۋە ئاچارچىلىقلار يۈز بېرىدۇ. مانا بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى خۇددى ھامىلىدار ئايالنىڭ تولغىقىنىڭ باشلانغىنىغا ئوخشايدۇ.

9سىلەر ئۆزۈڭلارغا پەخەس بولۇڭلار. كىشىلەر سىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ سوتقا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ، ئىبادەتخانىلاردا قامچىلايدۇ. سىلەر ماڭا ئىشەنگەنلىكىڭلار ئۈچۈن، ۋالىي ۋە پادىشاھلار ئالدىدا سوراققا تارتىلىسىلەر. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئالدىدا مېنىڭ گۇۋاھچىلىرىم بولىسىلەر. 10لېكىن، خۇش خەۋەر پۈتكۈل مىللەتلەرگە زامان ئاخىرىدىن بۇرۇن يەتكۈزۈلۈشى كېرەك. 11شۇڭا، سىلەر تۇتۇلۇپ سوتقا تاپشۇرۇلغاندا نېمە دېيىشتىن ئەندىشە قىلماڭلار. ئۇ چاغدا، سىلەرگە نېمە نېسىپ ئېتىلسە، شۇنى دەڭلار، چۈنكى سۆزلىگۈچى سىلەر ئەمەس، مۇقەددەس روھتۇر. 12قېرىنداش قېرىندىشىغا، ئاتا بالىسىغا خائىنلىق قىلىپ، ئۇلارنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىدۇ. بالىلارمۇ ئاتا-ئانىسى بىلەن قارشىلىشىپ، ئۇلارنى ئۆلۈمگە ئىتتىرىدۇ. 13ماڭا ئىشەنگەنلىكىڭلار ئۈچۈن ھەممە ئادەم سىلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىدۇ، لېكىن ئاخىرغىچە بەرداشلىق بەرگەنلەر جەزمەن قۇتقۇزۇلىدۇ.

زور بالايىئاپەت

14_ «يىرگىنچلىك ۋەيران قىلغۇچى»نىڭ ئۆزى تۇرۇشقا تېگىشلىك بولمىغان يەردە تۇرغىنىنى كۆرگىنىڭلاردا، (كىتابخانلار بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەنسۇن) يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى ئاھالىلەر تاغلارغا قاچسۇن. 15ئۆگزىدىكىلەر ئۆيىدىكى نەرسە-كېرەكلىرىنى ئالماي قاچسۇن. 16ئېتىزلاردا ئىشلەۋاتقانلارمۇ چاپىنىنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن ئۆيىگە قايتماي قېچىپ كەتسۇن. 17ئۇ كۈنلەردە، قېچىشى ئەپسىز بولغان ھامىلىدار ئاياللار ۋە بالا ئېمىتىدىغان ئانىلارنىڭ ھالىغا ۋاي! 18بۇ ۋەقەلەرنىڭ قىشقا توغرا كېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار. 19چۈنكى، ئۇ كۈنلەردىكى بالايىئاپەتلەر خۇدا ئالەمنى ياراتقاندىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان، كەلگۈسىدىمۇ كۆرۈلمەيدۇ. 20پەرۋەردىگار ئۇ كۈنلەرنى ئازايتمىسىدى، ھېچكىم قۇتۇلالمايتتى. لېكىن، پەرۋەردىگار ئۇ كۈنلەرنى ئۆزى تاللىغانلىرى ئۈچۈن ئازايتقان. 21ئەگەر ئۇ چاغدا بىرى سىلەرگە: «قاراڭلار، قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھ بۇ يەردە!» ياكى «قاراڭلار، مەسىھ ئەنە ئۇ يەردە!» دېسە، ئىشەنمەڭلار. 22چۈنكى، ساختا مەسىھلەر، ساختا پەيغەمبەرلەر مەيدانغا كېلىدۇ. ئەگەر مۇمكىن بولسىدى، ئۇلار خۇدا تاللىغانلارنى مۆجىزىلەر ۋە كارامەتلەر بىلەن ئازدۇرغان بولاتتى. 23شۇنىڭ ئۈچۈن، ھوشيار بولۇڭلار. مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئېيتىش بىلەن، سىلەرنى ئالدىنئالا ئاگاھلاندۇرۇپ قويدۇم.

ئىنسانئوغلىنىڭ كېلىشى

24_ ئۇ كۈنلەردىكى بالايىئاپەتلەر ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن،

«قۇياش قارىيىپ،

ئاي يورۇقلۇق بەرمەس،

25يۇلتۇزلار ئاسماندىن تۆكۈلۈپ،

ئاسمان جىسىملىرى لەرزىگە كېلەر.»

26ئۇ چاغدا، كىشىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ زور كۈچ-قۇدرەت ۋە شان-شەرەپ بىلەن بۇلۇتلار ئىچىدە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. 27ئىنسانئوغلى پەرىشتىلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۆزى تاللىغان كىشىلەرنى ئالەمنىڭ بىر چېتىدىن يەنە بىر چېتىگىچە، دۇنيانىڭ تۆت بۇلۇڭىدىن يىغىپ بىر يەرگە جەم قىلىدۇ.

ئەنجۈر دەرىخىدىن ساۋاق ئېلىش

28_ ئەنجۈر دەرىخىدىن ساۋاق ئېلىڭلار! ئۇنىڭ شاخلىرى كۆكىرىپ، يېڭى يوپۇرماق چىقارغاندا، يازنىڭ كېلىشىگە ئاز قالغانلىقىنى بىلىسىلەر. 29خۇددى شۇنىڭدەك، مەن بايا دېگەن ئالامەتلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىڭلاردا، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ* ئىشىك ئالدىدا، يەنى نامايان بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىڭلار. 30بىلىپ قويۇڭلاركى، مانا بۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي تۇرۇپ، بۇ ئەۋلاد* كىشىلەر ئالەمدىن ئۆتمەيدۇ. 31ئاسمان-زېمىن يوقىلىدۇ، بىراق مېنىڭ سۆزلىرىم يوقالماي مەڭگۈ ئىناۋەتلىك بولىدۇ!

ھوشيار بولۇڭلار

32_ بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغان ۋاقىت-سائىتىگە كەلسەك، بۇنى ئاتامدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. نە ئەرشتىكى پەرىشتىلەر، نە ئوغلى بىلمەيدۇ. 33پەخەس بولۇڭلار، سەگەك بولۇڭلار، چۈنكى ئۇ ۋاقىت-سائەتنىڭ قاچان كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيسىلەر. 34بۇ، سەپەرگە چىقماقچى بولغان ئادەمنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇ. ئۇ يولغا چىقىدىغان چاغدا، چاكارلىرىنىڭ خىزمەت دائىرىسىنى بەلگىلەپ، ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە بىردىن ۋەزىپە تاپشۇرىدۇ. دەرۋازىدىكى كۆزەتچىگىمۇ ھوشيار بولۇشنى تاپىلايدۇ. 35شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ ھوشيار بولۇڭلار. چۈنكى ئۆينىڭ خوجايىنىنىڭ كېلىدىغان ۋاقتىنىڭ كەچقۇرۇنمۇ، تۈن يېرىمىمۇ، خوراز چىللىغان ۋاقىتمۇ ياكى سەھەر ۋاقتىمۇ، ئۇنى بىلەلمەيسىلەر. 36شۇڭا، ئۇ تۇيۇقسىز كېلىپ، سىلەرنى غەپلەت ئۇيقۇسىدا كۆرۈپ قالمىسۇن! 37سىلەرگە ئېيتقانلىرىمنى ھەممەيلەنگە ئېيتىمەن: ھوشيار بولۇڭلار!



*29ئەسلى تېكىستتە «ئۇنىڭ» دەپ ئېلىنغان بولۇپ، ئىنسانئوغلىنى ياكى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى («لۇقا» 21-باب 31-ئايەت) كۆرسىتىدۇ.

*30ئەگەر تىلغا ئېلىنغان ئالامەت يېرۇسالېمنىڭ ۋەيران بولۇشىغا (13-باب 2-ئايەت) قارىتىلغان بولسا، ئۇنداقتا «ئەۋلاد» سۆزى تەبىئىيكى شۇ دەۋردە ياشاپ ئۆتكەن ئادەملەرنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ئەيسا مەسىھنىڭ دۇنياغا قايتىپ كېلىشىگە (13-باب 26-ئايەت) قارىتىلغان بولسا، «ئەۋلاد» سۆزى بەلكىم پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقىنى ياكى بۇ ئايەتلەردە ئېيتىلغان ۋەقەلەرنىڭ باشلىنىش ۋاقتىدا ياشاۋاتقان ئەۋلادنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ھەرگىز ھەزرىتى ئەيسادا «دۇنياغا دەرھال قايتىپ كېلىمەن» دېگەن خاتا چۈشەنچىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ.



 

14

گۇناھكار ئايالنىڭ ھەزرىتى ئەيسانى ئەتىرلىشى

1يەھۇدىيلارنىڭ ئۆتۈپ كېتىش ۋە پېتىر نان ھېيتىغا ئىككى كۈن قالغانىدى. ئالىي روھانىيلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ھەزرىتى ئەيسانى ھىيلە بىلەن تۇتۇپ ئۇجۇقتۇرۇۋېتىشنىڭ چارىسىنى ئىزدەشتى. 2ئۇلار:

_ بۇ ئىشنى ھېيت-ئايەم كۈنلىرى قىلمايلى. بولمىسا، خەلق ئارىسىدا قالايمىقانچىلىق چىقىشى مۇمكىن، _ دېيىشەتتى.

3ھەزرىتى ئەيسا بەيتانىيا يېزىسىدا ئىلگىرى ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان سىمۇننىڭ ئۆيىدە داستىخاندا ئولتۇرۇۋاتقاندا، ئىچىگە قىممەتلىك ساپ سۇمبۇل ئەتىرى قاچىلانغان، ئاق قاشتېشىدىن ياسالغان قۇتىنى تۇتقان بىر ئايال كىرىپ، قولىدىكى قۇتىنى ئېچىپ، ئىچىدىكى ئەتىرنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ بېشىغا قۇيدى. 4بەزىلەر بۇنىڭغا خاپا بولۇپ، بىر-بىرىگە:

_ خۇش پۇراق ئەتىرنى بۇنداق ئىسراپ قىلغاننىڭ نېمە پايدىسى؟ 5بۇ ئەتىرنىڭ قىممىتى بىر يىللىق كىرىمىمىزگە تەڭ كېلىدىكەن! ئۇ سېتىلىپ پۇلى كەمبەغەللەرگە بېرىلسە بولاتتى، _ دېيىشىپ، ئايالغا تاپا-تەنە قىلىشقا باشلىدى.

6_ ئايالنىڭ ئىختىيارىغا قويۇۋېتىڭلار، ئۇنى خىجىل قىلىپ نېمە قىلىسىلەر؟ ئۇ مەن ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلدى. 7كەمبەغەللەر دائىم ئاراڭلاردا، ئۇلارغا خالىغان ۋاقىتتا ياردەم قىلالايسىلەر. لېكىن، مەن ئاراڭلاردا دائىم بولمايمەن. 8ئايال چامى يېتىدىغان ئىشنى قىلدى؛ مېنىڭ دەپنە قىلىنىشىمغا تەييارلىق يۈزىسىدىن بەدىنىمگە ئالدىنئالا ئەتىر سۈركەپ قويدى. 9بىلىپ قويۇڭلاركى، خۇش خەۋەر دۇنيانىڭ قەيېرىدە يەتكۈزۈلسە، بۇ ئايال ئەسلىنىپ، ئۇنىڭ قىلغان ئىشى تىلغا ئېلىنىدۇ، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا.

يەھۇدانىڭ ھەزرىتى ئەيساغا ساتقۇنلۇق قىلىشى

10شۇ ۋاقىتتا، ئون ئىككى شاگىرتتىن بىرى بولغان يەھۇدا ئىشقارىيوت ھەزرىتى ئەيسانى تۇتۇپ بېرىش مەقسىتىدە ئالىي روھانىيلارنىڭ يېنىغا باردى. 11بۇنى ئاڭلاپ، ئالىي روھانىيلارنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتتى ۋە ئۇنىڭغا پۇل بېرىشكە ۋەدە قىلىشتى. يەھۇدامۇ ھەزرىتى ئەيسانى ئۇلارغا تۇتۇپ بېرىشكە پۇرسەت ئىزدەشكە باشلىدى.

ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ كەچلىك تامىقى

12پېتىر نان ھېيتىنىڭ* بىرىنچى كۈنى، يەنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ قۇربانلىقى قىلىنىدىغان كۈنى، شاگىرتلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىغا كېلىشىپ:

_ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى قەيەرگە بېرىپ تەييارلىشىمىزنى خالايسىز؟ _ دەپ سورىدى.

13ئۇ شاگىرتلىرىدىن ئىككىيلەننى مۇنداق دەپ ئالدىن ئەۋەتتى:

_ يېرۇسالېمغا كىرىڭلار، ئۇ يەردە كوزىدا سۇ توشۇۋاتقان بىر ئەر كىشىنى ئۇچرىتىسىلەر. ئۇنىڭ كەينىدىن مېڭىپ، 14ئۇ ئادەم كىرگەن ئۆينىڭ ئىگىسىگە: «ئۇستازىمىز: ‹شاگىرتلىرىم بىلەن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى يەيدىغان مېھمانلىق ئۆي قەيەردە؟› دەپ سوراۋاتىدۇ» دەڭلار. 15ئۇ سىلەرنى ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى رەتلىك جابدۇپ قويۇلغان بىر ئېغىز چوڭ ئۆيگە باشلاپ چىقىدۇ. مانا شۇ ئۆيدە ھېيتنىڭ تامىقىنى تەييار قىلىڭلار.

16شاگىرتلار يولغا چىقىپ شەھەرگە كىردى. ھەممە ئىشلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئېيتقىنىدەك بولۇپ چىقتى. ئۇلار شۇ يەردە تاماقنى تەييارلاشقا كىرىشتى.

17كەچقۇرۇن، ھەزرىتى ئەيسا ئون ئىككى شاگىرتى بىلەن كېلىپ، 18داستىخاندا ئولتۇرۇپ تائام ئۈستىدە:

_ بىلىپ قويۇڭلاركى، مەن بىلەن بىللە غىزالىنىۋاتقان سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى بىرەيلەن ماڭا ساتقۇنلۇق قىلىدۇ، _ دېدى.

19بۇ سۆز ئۇلارنى قايغۇغا سالدى. ئۇلار بىر-بىرلەپ:

_ مەن ئەمەستىمەن؟ _ دەپ سورىدى.

20ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:

_ ماڭا ساتقۇنلۇق قىلغۇچى قولىدىكى ناننى مەن بىلەن بىللە تەخسىگە تۆگۈرگەن ئون ئىككى شاگىرتنىڭ ئىچىدىكى بىرىدۇر. 21ئىنسانئوغلى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك ئالەمدىن ئۆتىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان كىشىنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇ ئادەم تۇغۇلمىغان بولسىچۇ كاشكى! _ دېدى.

22ئۇلار تاماق يېيىشىۋاتقاندا، ھەزرىتى ئەيسا بىر ناننى قولىغا ئېلىپ شۈكۈر ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇنى ئوشتۇپ تۇرۇپ، شاگىرتلىرىغا بەردى ۋە:

_ ئېلىڭلار، بۇ مېنىڭ تېنىم، _ دېدى.

23ئاندىن، ئۇ قولىغا بىر جام ئېلىپ خۇداغا شۈكۈر ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇنى شاگىرتلىرىغا سۇندى. ھەممەيلەن ئۇنىڭدىن ئىچىشتى.

24_ بۇ، مېنىڭ نۇرغۇن ئادەملەر ئۈچۈن تۆكۈلۈپ، خۇدانىڭ ئەھدىسىنى تۈزىدىغان قېنىمدۇر. 25بىلىپ قويۇڭلاركى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا يېڭىچە شارابتىن ئىچمىگۈچە، بۇنداق شارابنى ھەرگىز ئىچمەيمەن، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.

26ئۇلار مەدھىيە ناخشىسىنى ئېيتقاندىن كېيىن تالاغا چىقىپ، زەيتۇن تېغىغا قاراپ كېتىشتى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ پېترۇسنىڭ تانىدىغانلىقىنى ئېيتىشى

27بۇ چاغدا، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا:

_ ھەممىڭلار مېنى تاشلاپ كېتىشىلەر، چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدا:

«قويچىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرىمەن،

قويلىرى پاتىپاراق بولۇپ كېتىدۇ» دېگەن.

28لېكىن، مەن تىرىلگەندىن كېيىن، جەلىلىيىگە سىلەردىن بۇرۇن بارىمەن، _ دېدى.

29پېترۇس ئۇنىڭغا:

_ ھەممەيلەن سىزنى تاشلاپ كەتسىمۇ، مەن ھەرگىز تاشلاپ كەتمەيمەن، _ دېدى.

30_ بىلىپ قويغىنكى، بۈگۈن كېچە خوراز ئىككى قېتىم چىللاشتىن بۇرۇن، سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.

31لېكىن، پېترۇس تېخىمۇ قەتئىي تەلەپپۇز بىلەن:

_ سىز بىلەن بىللە ئۆلۈشكە توغرا كەلسىمۇ، سىزدىن تانمايمەن، _ دېدى. قالغان شاگىرتلارمۇ شۇنداق دېيىشتى.

گېتسىمانە باغچىسىدىكى دۇئا-تىلاۋەت

32كېيىن، ئۇلار گېتسىمانە دېگەن بىر يەرگە كەلدى. ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا:

_ مەن دۇئا-تىلاۋەت قىلىپ كەلگۈچە، مۇشۇ جايدا ئولتۇرۇپ تۇرۇڭلار، _ دېدى.

33ئۇ پېترۇس، ياقۇپ ۋە يۇھاننانى بىرگە ئېلىپ ماڭدى. بۇ ۋاقىتتا، ئۇنى قايغۇ بېسىپ، كۆڭلى قاتتىق بىئارام بولۇشقا باشلىدى. ئۇ:

34_ جېنىم چىقىپ كېتىدىغاندەك غەم-قايغۇغا پاتتى. سىلەر بۇ يەردە قېلىپ، ھوشيار تۇرۇڭلار، _ دېدى 35ۋە سەل نېرىراق بېرىپ، يەرگە باش قويۇپ، مۇمكىن بولسا ئۇ كۈننىڭ ئۆز بېشىغا كەلمەسلىكىگە دۇئا قىلىپ:

36_ ئى سۆيۈملۈك ئاتا، ھەممىگە قادىرسەن، بۇ ئازاب قەدىھىنى مەندىن يىراقلاشتۇرغايسەن. لېكىن، بۇ ئىش مېنىڭ ئەمەس، بەلكى سېنىڭ ئىرادەڭ بويىچە بولسۇن، _ دېدى.

37ئۇ ئۈچ شاگىرتىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ مۈگدەپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، پېترۇسقا:

_ ئەي سىمۇن، ئۇخلاۋاتامسەن؟! بىرەر سائەتمۇ ھوشيار تۇرالمىدىڭمۇ؟! 38ئېزىقتۇرۇلۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، سەگەك تۇرۇپ دۇئا قىلىڭلار. كۆڭۈل خالايدۇ، لېكىن تەن ئاجىزدۇر، _ دېدى.

39ئاندىن، ئۇ يەنە بېرىپ، بۇرۇنقى سۆزلىرىنى تەكرارلاپ دۇئا قىلدى. 40ئۇ شاگىرتلىرىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگىنىدە، ئۇلارنىڭ يەنە مۈگدەپ قالغانلىقىنى كۆردى. چۈنكى، ئۇلار كۆزلىرىنى ئاچالماي قالغانىدى. ئۇلار ھەزرىتى ئەيساغا نېمە دېيىشىنى بىلمەي قالدى.

41ھەزرىتى ئەيسا ئۈچىنچى قېتىم ئۇلارنىڭ يېنىغا قايتىپ:

_ سىلەر تېخىچە دەم ئېلىپ ئۇخلاۋاتامسىلەر؟ بولدى بەس ئەمدى! ئىنسانئوغلىنىڭ گۇناھكارلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدىغان ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلدى. 42قوپۇڭلار، كېتەيلى، مانا ماڭا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان كىشى كەپتۇ، _ دېدى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى

43ھەزرىتى ئەيسانىڭ سۆزى ئاياغلاشماستىنلا، ئون ئىككى شاگىرتىنىڭ بىرى بولغان يەھۇدا كەلدى. ئۇنىڭ يېنىدا ئالىي روھانىيلار، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە ئاقساقاللار تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن، قىلىچ-توقماقلار بىلەن قوراللانغان زور بىر توپ ئادەم بار ئىدى. 44ھەزرىتى ئەيساغا ساتقۇنلۇق قىلغان يەھۇدا ئۇلارغا ئاللىبۇرۇن: «مەن كىمنى سۆيسەم، ئەيسا شۇ. سىلەر ئۇنى تۇتۇپ، قاتتىق مۇھاپىزەت ئاستىدا ئېلىپ مېڭىڭلار» دېگەن ۋە سۆيۈش ئارقىلىق بەلگە بەرمەكچى بولغانىدى. 45ئۇ ئۇدۇل ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا بېرىپ:

_ ئۇستاز، _ دەپ ئۇنى سۆيدى. 46شۇ چاغدا، ئۇ باشلاپ كەلگەنلەر ھەزرىتى ئەيساغا قول سېلىپ، ئۇنى تۇتقۇن قىلدى. 47ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىدىكىلەردىن بىرى قىلىچىنى سۇغۇرۇپ، باش روھانىينىڭ چاكىرىغا ئۇردى. قىلىچ چاكارنىڭ قۇلىقىغا تېگىپ، ئۇنى شىلىپ چۈشۈرۈۋەتتى.

48ھەزرىتى ئەيسا:

_ سىلەر قىلىچ-توقماقلارنى كۆتۈرۈپ مېنى تۇتقىلى كەپسىلەر، مېنى قاراقچى كۆرۈۋاتامسىلەر؟ 49ھەر كۈنى مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدا سىلەر بىلەن بىللە بولۇپ تەلىم بېرەتتىم. ئۇ چاغدا تۇتمىدىڭلار. بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى مۇقەددەس يازمىلاردا ئالدىن ئېيتىلغانلارنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى بولدى، _ دېدى.

50بۇ چاغدا، شاگىرتلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى تاشلاپ قېچىپ كېتىشتى.

51ھەزرىتى ئەيسانىڭ كەينىدىن پەقەت ئۇچىسىغا كەندىر رەخت يېپىنچاقلىۋالغان بىر ياش ئەگىشىپ ماڭغانىدى. ئۇلار ئۇنىمۇ تۇتۇۋالدى. 52لېكىن، ئۇ رەختنىڭ ئىچىدىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ، يالىڭاچ پېتى قېچىپ كەتتى.

ئالىي مەھكىمىدە سوتلىنىش

53ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى باش روھانىينىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىشتى. پۈتۈن ئالىي روھانىيلار، ئاقساقاللار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرىمۇ ئۇ يەرگە يىغىلدى. 54پېترۇس ھەزرىتى ئەيساغا تاكى باش روھانىينىڭ ھويلىسىغىچە يىراقتىن ئەگىشىپ بېرىپ، ھويلىدا قاراۋۇللار بىلەن بىللە ئىسسىنىپ ئولتۇردى. 55ئالىي روھانىيلار ۋە پۈتۈن ئالىي كېڭەشمە ئەزالىرى ھەزرىتى ئەيسانى ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلىش ئۈچۈن ئىسپات ئىزدىدى، ئەمما تاپالمىدى. 56بىرمۇنچە يالغان گۇۋاھچىلار ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، ئىسپاتلىرى بىر-بىرىگە ماسلاشمايتتى.

57ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئورنىدىن تۇرۇپ، يالغان گۇۋاھلىق بېرىپ:

58_ بىز ئۇنىڭ: «ئىنسان قولى بىلەن ياسالغان بۇ ئىبادەتخانىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئىنسان قولى بىلەن ياسالمىغان باشقا بىر ئىبادەتخانىنى ئۈچ كۈن ئىچىدە ياساپ چىقىمەن» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق، _ دېدى. 59لېكىن، بۇ ھەقتىكى گۇۋاھلىقلارمۇ بىر-بىرىگە ماسلاشمىدى.

60ئاندىن، باش روھانىي ئورنىدىن تۇرۇپ، جامائەتنىڭ ئالدىدا ھەزرىتى ئەيساغا:

_ قېنى، جاۋاب بەرمەمسەن؟ بۇلارنىڭ سېنىڭ ئۈستۈڭدىن بەرگەن گۇۋاھلىقلىرىغا نېمە دەيسەن؟ _ دېدى. 61لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا شۈك تۇرۇپ، ھېچقانداق جاۋاب بەرمىدى. باش روھانىي يەنە ئۇنىڭدىن:

_ مەدھىيىلىنىشكە لايىق بولغان خۇدانىڭ ئوغلى قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھ سەنمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

62_ ھەئە، مەن، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا، _ سىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ قادىر خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرىدىغانلىقىنى ۋە كۆكتىكى بۇلۇتلار ئىچىدە كېلىدىغانلىقىنى كۆرىسىلەر.

63بۇ سۆزنى ئاڭلىغان باش روھانىي كىيىملىرىنى يىرتىپ* تاشلاپ:

_ ئەمدى باشقا ھېچقانداق گۇۋاھچىنىڭ ھاجىتى قالمىدى. 64سىلەر ئۇنىڭ كۇپۇرلۇقلىرىنى ئاڭلىدىڭلار. ئەمدى بۇنىڭغا نېمە دەيسىلەر؟ _ دېدى.

ئۇلار بىردەك ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى تېگىشلىك دەپ ھۆكۈم قىلىشتى. 65بەزىلىرى ئۇنىڭغا تۈكۈرۈشكە باشلىدى. ئۇلار يەنە ئۇنىڭ كۆزلىرىنى باغلاپ، مۇشت ئېتىپ: «پەيغەمبەر بولساڭ، ئېيتىپ باققىنا، سېنى كىم ئۇردى؟» دېيىشتى. قاراۋۇللارمۇ ئۇنى ئارىسىغا ئېلىۋېلىپ كاچاتلىدى.

پېترۇسنىڭ ھەزرىتى ئەيسادىن تېنىشى

66پېترۇس تۆۋەندىكى ھويلىدا تۇراتتى. باش روھانىينىڭ دېدەكلىرىدىن بىرى كېلىپ، 67ئىسسىنىپ ئولتۇرغان پېترۇسنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ:

_ سەنمۇ ناسىرەلىك ئەيسا بىلەن بىر ئىدىڭغۇ، _ دېدى.

68پېترۇس بۇنى ئىنكار قىلىپ:

_ سېنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىڭنى بىلمىدىم ھەم چۈشەنمىدىم، _ دېدى-دە، تاشقىرىغا، دەرۋازىنىڭ ئالدىغا چىقىپ تۇردى. شۇ ئەسنادا، خوراز چىللىدى.

69ئۇنىڭ تاشقىرىدا تۇرغانلىقىنى كۆرگەن ھېلىقى دېدەك ئۇ يەردە تۇرغانلارغا يەنە:

_ بۇ ئۇنىڭ ئادىمىغۇ، _ دېدى. 70پېترۇس يەنە ئىنكار قىلدى.

بىرئازدىن كېيىن، ئۇ يەردە تۇرغانلار پېترۇسقا يەنە:

_ شۈبھىسىزكى، سەن ئۇنىڭ شاگىرتلىرىنىڭ بىرى. تەلەپپۇزۇڭدىن سېنىڭمۇ جەلىلىيىلىك ئىكەنلىكىڭ چىقىپ تۇرمامدۇ؟! _ دېيىشتى.

71پېترۇس قەسەم قىلىپ:

_ سىلەر دەۋاتقان ئادەمنى تونۇمايمەن. بولمىسا، مېنى خۇدا ئۇرسۇن! _ دېدى.

72دەل شۇ چاغدا، خوراز ئىككىنچى قېتىم چىللىدى. پېترۇس ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزىگە: «خوراز ئىككى قېتىم چىللاشتىن بۇرۇن، سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن» دېگەن سۆزىنى ئېسىگە ئېلىپ، كۆڭلى بۇزۇلۇپ يىغلاپ كەتتى.



*12پېتىر نان ھېيتى يەتتە كۈن بولۇپ، بىرىنچى كۈنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ كۈنى، يەھۇدىيلار ئۆيلىرىدە قوي سويۇپ، پېتىر نان بىلەن يەيدۇ.

*63باش روھانىي ھەزرىتى ئەيسانى «كۇپۇرلۇق قىلدى» دەپ قاراپ، ئۆزىنىڭ بۇنىڭغا بولغان چۆچۈشى ۋە غەزىپىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، كىيىملىرىنى يىرتقان. ھەزرىتى ئەيسانىڭ: «مەسىھ مەن بولىمەن» دېيىشى ئۇنىڭ خۇداغا خاس ھوقۇق ۋە شۆھرەت مەندىدۇر، دېگەنلىكىدۇر.



 

15

ھەزرىتى ئەيسانىڭ پىلاتۇسنىڭ ئالدىدا سوتلىنىشى

1ئەتىسى تاڭ سەھەردە، ئالىي روھانىيلار، ئاقساقاللار، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە ئالىي كېڭەشمىنىڭ پۈتۈن ئەزالىرى مەسلىھەتلىشىۋالغاندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسانى باغلاپ، ۋالىي پىلاتۇسقا تاپشۇرۇپ بەردى.

2پىلاتۇس ئۇنىڭدىن:

_ سەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

_ ئېيتقىنىڭىزدەك، _ دەپ جاۋاب بەردى ھەزرىتى ئەيسا.

3ئالىي روھانىيلار ئۇنىڭ ئۈستىدىن بىرمۇنچە ئەرز-شىكايەتلەرنى قىلىشتى. 4پىلاتۇس ئۇنىڭدىن يەنە:

_ قارا، ئۇلار ئۈستۈڭدىن شۇنچىۋالا شىكايەت قىلىۋاتىدۇ. سەن ھېچقايسىسىغا جاۋاب بەرمەمسەن؟ _ دەپ سورىدى.

5لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا يەنىلا زۇۋان سۈرمىدى. پىلاتۇس بۇنىڭغا ھەيران قالدى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى

6ھەر قېتىملىق ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا، ۋالىي خەلق ئىلتىماس قىلغان بىر مەھبۇسنى قويۇپ بېرەتتى. 7ئەينى ۋاقىتتا، زىنداندا توپىلاڭدا ئادەم ئۆلتۈرگەن توپىلاڭچىلار بىلەن بىللە تۇتۇلغان بارابباس ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى. 8خەلق ۋالىي پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن بىر مەھبۇسنى بۇرۇنقىغا ئوخشاش قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

9پىلاتۇس ئۇلارغا:

_ سىلەرگە يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىنى قويۇپ بېرىشىمنى خالامسىلەر؟ _ دېدى. 10پىلاتۇس ئالىي روھانىيلارنىڭ ھەزرىتى ئەيساغا ھەسەتخورلۇق قىلىپ، ئۇنى ئۆزىگە تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى بىلەتتى. 11بىراق، ئالىي روھانىيلار خەلققە: «ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئورنىغا، بارابباسنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىڭلار» دەپ، ئۇلارنى كۈشكۈرتتى.

12پىلاتۇس ئۇلاردىن يەنە:

_ ئۇنداق بولسا، سىلەر يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى، دەپ ئاتىغان ئادەمنى قانداق بىر تەرەپ قىلاي؟ _ دەپ سورىدى.

13_ ئۇنى كرېستكە مىخلىتىڭ! _ دەپ چۇقان سېلىشتى ئۇلار.

14_ نېمىشقا؟ ئۇ نېمە جىنايەت ئۆتكۈزۈپتۇ؟ _ دېدى پىلاتۇس ئۇلارغا.

بىراق، ئۇلار تېخىمۇ قاتتىق ۋارقىرىشىپ:

_ ئۇنى كرېستكە مىخلىتىڭ! _ دەپ تۇرۇۋېلىشتى. 15خالايىقنى خۇرسەن قىلماقچى بولغان پىلاتۇس بارابباسنى ئۇلارغا چىقىرىپ بەردى. ھەزرىتى ئەيسانى بولسا قامچىلاتقاندىن كېيىن، كرېستكە مىخلاش ئۈچۈن لەشكەرلىرىگە تاپشۇردى.

لەشكەرلەرنىڭ ھەزرىتى ئەيسانى مەسخىرە قىلىشى

16لەشكەرلەر ھەزرىتى ئەيسانى ۋالىي ئوردىسىدىكى بىر سەيناغا ئېلىپ كىردى. ئاندىن، پۈتۈن لەشكەرلەر توپىنى بۇ يەرگە يىغدى. 17ئۇلار ئۇنىڭغا شاھانە سۆسۈن رەڭلىك تون، بېشىغا تىكەن شاخلىرىدىن ئۆرۈپ ياسالغان تاج كىيدۈردى. 18ۋە ئۇنىڭغا: «ياشىسۇن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى!» دەپ ۋارقىراشتى. 19ئاندىن، بېشىغا قومۇش بىلەن قايتا-قايتا ئۇرۇپ، ئۇنىڭغا قاراپ تۈكۈرۈشتى ۋە ئۇنىڭ ئالدىدا تىز پۈكۈپ، سەجدە قىلىشتى.

20ئۇنى مانا شۇنداق مازاق قىلغاندىن كېيىن، سۆسۈن توننى سالدۇرۇپ، ئۇچىسىغا ئۆز كىيىملىرىنى كىيدۈردى ۋە كرېستكە مىخلاش ئۈچۈن ئېلىپ مېڭىشتى.

21سىمۇن ئىسىملىك بىر كىشى يېزىدىن كېلىپ، ئۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. ئىسكەندەر بىلەن رۇفۇسنىڭ ئاتىسى بولغان بۇ ئادەم كىرىنى شەھىرىدىن ئىدى. لەشكەرلەر ھەزرىتى ئەيسا يۈدۈپ ماڭغان كرېستنى بۇ ئادەمگە مەجبۇرىي كۆتۈرگۈزدى. 22ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى گولگوتا، يەنى «باش سۆڭەك» دېگەن يەرگە ئېلىپ باردى. 23ئۇنىڭغا مۇرمەككى ئارىلاشتۇرۇلغان شاراب* بەردى، لېكىن ھەزرىتى ئەيسا ئۇنى ئىچمىدى. 24ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى كرېستكە مىخلاپ ئاستى ۋە ھەرقايسىسى ئۆزىگە چىققاننى ئېلىش ئۈچۈن چەك تاشلىشىپ، كىيىملىرىنى بۆلۈشۈۋالدى. 25ھەزرىتى ئەيسا كرېستكە مىخلانغان ۋاقىت ئەتىگەن سائەت توققۇزلار ئىدى. 26گۇناھ تاختىسىغا «يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى» دەپ يېزىلغانىدى. 27ھەزرىتى ئەيسادىن باشقا ئىككى قاراقچىمۇ كرېستكە مىخلانغان بولۇپ، بىرى ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدىكى، يەنە بىرى سول يېنىدىكى كرېستتە ئىدى. { 28شۇنداق قىلىپ، مۇقەددەس يازمىلاردىكى: «ئۇ جىنايەتچىلەر بىلەن بىر قاتارغا قويۇلىدۇ» دېگەن سۆز ئىسپاتلاندى.} 29ئۇ يەردىن ئۆتكەنلەر باشلىرىنى چايقىشىپ، ھەزرىتى ئەيسانى ھاقارەتلەپ:

_ قېنى، سەن ئىبادەتخانىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۈچ كۈندە قايتىدىن ياساپ چىقىدىغان ئادەم ئىدىڭغۇ؟ 30ئەمدى كرېستتىن چۈشۈپ، ئۆزۈڭنى قۇتقۇزغىنا! _ دېيىشتى.

31ئالىي روھانىيلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرىمۇ ئۇنى شۇنداق مەسخىرە قىلىپ، ئۆزئارا:

_ باشقىلارنى قۇتقۇزۇپتىكەن، ئۆزىنى قۇتقۇزالمىدى. 32ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھ ئەمدى كرېستتىن چۈشۈپ باقسۇنچۇ، بىز شۇنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلايلى، _ دېيىشتى. ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىللە كرېستكە مىخلانغانلارمۇ ئۇنى ھاقارەتلەشتى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆلۈمى

33چۈش ۋاقتى سائەت ئون ئىككىدە، پۈتۈن زېمىننى قاراڭغۇلۇق قاپلاپ، سائەت ئۈچكىچە داۋام قىلدى. 34سائەت ئۈچتە، ھەزرىتى ئەيسا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: «ئېلوي، ئېلوي، لەما شەۋاقتانى!» يەنى «خۇدايىم، خۇدايىم، مېنى نېمىشقا تاشلىۋەتتىڭ!» دەپ ۋارقىرىدى.

35ئۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ بەزىلىرى بۇنى خاتا ئاڭلاپ:

_ قاراڭلار، بۇ ئادەم ئىلياس پەيغەمبەرگە مۇراجىئەت قىلىۋاتىدۇ _ دېيىشتى. 36ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرەيلەن يۈگۈرۈپ بېرىپ، بىر پارچە بۇلۇتنى ئەكېلىپ ئەرزان ئۈزۈم شارابىغا چىلاپ، ئۇنى قومۇشنىڭ ئۇچىغا باغلاپ ھەزرىتى ئەيساغا ئىچكۈزمەكچى بولدى ۋە:

_ توختاپ تۇرۇڭلار! قاراپ باقايلى، ئىلياس پەيغەمبەر كېلىپ ئۇنى چۈشۈرۈۋالامدىكىن؟ _ دېدى.

37ھەزرىتى ئەيسا قاتتىق ۋارقىرىدى-دە، تىنىقى توختاپ، جان ئۈزدى.

38شۇ ۋاقىتتا، مەركىزىي ئىبادەتخانىدىكى پەردە يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ئىككى پارچە بولۇپ يىرتىلدى.*39ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۇدۇلىدا تۇرغان يۈز بېشى ئۇنىڭ قانداق جان ئۈزگىنىنى كۆرۈپ:

_ بۇ ئادەم ھەقىقەتەن خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەن! _ دېدى.

40ئۇ يەردە يەنە ۋەقەنى يىراقتىن كۆرۈپ تۇرغان بەزى ئاياللارمۇ بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مەجدەللىك مەريەم، كىچىك ياقۇپ بىلەن يوسىنىڭ ئانىسى مەريەم ۋە سالومىلار بار ئىدى. 41ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيىدە تۇرغان ۋاقىتتا، بۇ ئاياللار ئۇنىڭغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولغانىدى. ئۇنىڭ بىلەن يېرۇسالېمغا بىللە كەلگەن يەنە بىرمۇنچە ئاياللارمۇ ئەھۋالنى كۆزىتىپ تۇراتتى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ دەپنە قىلىنىشى

4243ئۇ ھارپا كۈنى، يەنى دەم ئېلىش كۈنىنىڭ ئالدىنقى كۈنى ئىدى. كەچ كىرىپ قالغاندا، يەھۇدىيلارنىڭ ئالىي كېڭەشمىسىنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئەزاسى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈۋاتقان ئاراماتىيالىق يۈسۈپ يۈرەكلىك ھالدا ۋالىي پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئۇنىڭدىن ھەزرىتى ئەيسانىڭ جەسىتىنى بېرىشنى تەلەپ قىلدى.*44پىلاتۇس ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئاللىقاچان ئۆلگەنلىكىنى ئاڭلاپ ھەيران بولدى. ئۇ يۈز بېشىنى چاقىرىپ، ئۇنىڭدىن ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆلگىنىگە قانچىلىك ۋاقىت بولغانلىقىنى سورىدى. 45ئۇ يۈز بېشىدىن ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن، يۈسۈپكە جەسەتنى ئېلىپ كېتىشكە رۇخسەت قىلدى. 46يۈسۈپ كەندىر رەخت سېتىۋېلىپ، جەسەتنى كرېستتىن چۈشۈرۈپ كېپەنلىدى ۋە قىيادا ئويۇلغان بىر قەبرىگە دەپنە قىلىپ، ئاغزىغا يوغان بىر قورام تاشنى دومىلىتىپ قويدى. 47مەجدەللىك مەريەم بىلەن يوسىنىڭ ئانىسى مەريەم ھەزرىتى ئەيسانىڭ قويۇلغان يېرىنى كۆرۈۋالدى.



*23مۇرمەككى ئارىلاشتۇرۇلغان شارابنىڭ ئاغرىقنى پەسەيتىش رولى توغرىسىدا قەدىمكى كىتابلاردا خاتىرىلەر بار.

*38بۇ پەردە ئىبادەتخانىدىكى ئەڭ مۇقەددەس جاينى مۇقەددەس جايدىن ئايرىپ تۇرىدىغان پەردە بولۇپ، ئۇنىڭ يىرتىلىشى ئىنسانلارنىڭ خۇدانىڭ ئالدىغا بارىدىغان يولىنىڭ ھەزرىتى ئەيسا تەرىپىدىن ئېچىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

*42-43قائىدە بويىچە، ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ جەسىتى دەم ئېلىش كۈنىدە كرېستتە قالسا بولمايتتى.



 

16

ھەزرىتى ئەيسانىڭ تىرىلىشى

1دەم ئېلىش كۈنى ئۆتكەندىن كېيىن، مەجدەللىك مەريەم، ياقۇپنىڭ ئانىسى مەريەم ۋە سالومىلار بېرىپ ھەزرىتى ئەيسانىڭ جەسىتىگە سۈرۈش ئۈچۈن خۇش پۇراقلىق بۇيۇملارنى سېتىۋالدى. 2ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى* ئۇلار تاڭ سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ، كۈن چىقىش بىلەن تەڭ قەبرىگە بېرىشتى. 3ئۇلار ئۆزئارا: «قەبرىنىڭ ئاغزىدىكى تاشنى كىم دومىلىتىشىپ بېرەر؟» دېيىشتى. 4ئۇ تاش ناھايىتى چوڭ ئىدى. بىراق، ئۇلار باشلىرىنى كۆتۈرۈپ قارىغىنىدا، تاشنىڭ بىر يانغا دومىلىتىۋېتىلگەنلىكىنى كۆردى. 5ئۇلار قەبرىگە كىرىپ ئوڭ تەرەپتە ئاق تون كىيگەن ياش بىر ئادەمنىڭ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرگەندە، ئالاقزادە بولۇشتى.

6ئۇ پەرىشتە ئۇلارغا:

_ ئالاقزادە بولماڭلار، سىلەر كرېستكە مىخلانغان ناسىرەلىك ھەزرىتى ئەيسانى ئىزدەۋاتىسىلەر. ئۇ تىرىلدى، بۇ يەردە ئەمەس. مانا، ئۇ بۇرۇن قويۇلغان جاي. 7سىلەر بېرىپ ئۇنىڭ شاگىرتلىرىغا، بولۇپمۇ پېترۇسقا: «ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيىگە سىلەردىن ئاۋۋال بارىدىكەن، سىلەرگە ئېيتقىنىدەك، ئۇنى شۇ يەردە كۆرىدىكەنسىلەر» دەڭلار، _ دېدى.

8ئۇلارنى تىترەك باستى ھەم ئالاقزادە بولۇشۇپ قەبرىدىن چىقىپ قاچتى. قورقۇپ كەتكەچكە، بۇ ئىشنى ھېچكىمگە ئېيتمىدى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ مەجدەللىك مەريەمگە كۆرۈنۈشى

9ھەزرىتى ئەيسا ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى تاڭ سەھەردە تىرىلگەندىن كېيىن، ئاۋۋال مەجدەللىك مەريەمگە كۆرۈندى. ئۇ بۇ ئايالنىڭ تېنىدىن يەتتە جىننى ھەيدىۋەتكەنىدى. 10مەريەم بېرىپ بۇرۇن ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىللە بولغان، ھازىر ماتەم تۇتۇپ كۆز يېشى قىلىشىۋاتقان شاگىرتلارغا خەۋەر قىلدى. 11ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ تىرىلگەنلىكى ۋە مەريەمنىڭ ئۇنى كۆرگەنلىكىنى ئاڭلىغاندا، ئىشەنمىدى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئىككى شاگىرتىغا كۆرۈنۈشى

12بۇ ۋەقەدىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا يېزىغا كېتىۋاتقان ئىككى شاگىرتىغا باشقا بىر قىياپەتتە كۆرۈندى. 13شۇنىڭ بىلەن، شاگىرتلار كەينىگە قايتىپ، باشقىلارغا بۇ ئىشنى خەۋەر قىلدى، لېكىن ئۇلار بۇنىڭغىمۇ ئىشەنمىدى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئون بىر شاگىرتىغا كۆرۈنۈشى

14ئۇنىڭدىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ غىزالىنىۋاتقان ئون بىر شاگىرتىغا كۆرۈنۈپ، ئۇلارنىڭ ئېتىقادسىزلىقى ۋە تەرسالىقىنى ئەيىبلىدى. چۈنكى، ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى تىرىلگەندىن كېيىن كۆرگەنلەرنىڭ سۆزىگە ئىشەنمىگەنىدى.

15ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ، پۈتۈن ئىنسانلارغا خۇش خەۋەرنى جاكارلاڭلار. 16ئېتىقاد قىلىپ، چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغانلار قۇتقۇزۇلىدۇ. ئېتىقاد قىلمىغانلار بولسا دوزاخقا مەھكۇم قىلىنىدۇ.

17ئېتىقاد قىلغانلارغا مۇنداق مۆجىزىلەرنى كۆرسىتىش قابىلىيىتى ھەمراھ بولىدۇ: ئۇلار مېنىڭ نامىم بىلەن جىنلارنى ھەيدىۋېتەلەيدۇ، نامەلۇم تىللاردا سۆزلىشەلەيدۇ، 18يىلانلارنى قوللىرىدا تۇتسىمۇ، ھېچنېمە بولمايدۇ، زەھەرلىك نەرسىنى ئىچسىمۇ، ھېچقانداق تەسىر قىلمايدۇ. بىمارلارغا قوللىرىنى تەگكۈزۈپ قويسا، كېسەللىرى ساقىيىپ كېتىدۇ.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈشى

19رەببىمىز ئەيسا ئۇلارغا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى ۋە خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇردى. 20شاگىرتلار تەرەپ-تەرەپكە بېرىپ خۇش خەۋەرنى جاكارلاپ يۈردى. رەببىمىز ئۇلار بىلەن بىللە بولۇپ، ئۆز سۆزىنى ئۇلار كۆرسەتكەن مۆجىزىلەر بىلەن ئىسپاتلىدى.*



*2شەنبە كۈنى يەھۇدىيلارنىڭ دەم ئېلىش كۈنى بولۇپ، يەكشەنبە «ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى» ئىدى.

*20 9-ئايەتتىن تاكى 20-ئايەتكىچە بولغان ئايەتلەرنى بەزى گرېكچە نۇسخىلاردىن تاپقىلى بولمايدۇ.