«ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر»

(قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)

بۇ كىتابنىڭ مۇئەللىپى ماركۇستۇر. گەرچە ماركۇس ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئون ئىككى شاگىرتىنىڭ بىرى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ مەزكۇر كىتابى ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتى پېترۇسنىڭ تەلىملىرىگە ئاساسلىنىپ يېزىلغان.

خۇش خەۋەر بايان قىلغان باشقا مۇئەللىپلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ رەببىمىز ئىكەنلىكىنى كۆپرەك تەكىتلەپ ئۆتكەن بولسا، ماركۇس ھەزرىتى ئەيسانىڭ يەنە بىر تەرىپى، يەنى ئىنسانلارنىڭ خىزمەتكارى ئىكەنلىكىنى كۆپرەك تەكىتلىگەن. ماركۇس كىتابىدا ھەزرىتى ئەيسانىڭ تەلىمى توغرىسىدا كۆپ توختالمىغان بولۇپ، ئۇنىڭ خاتىرىلىرى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئەمەلىي پائالىيەتلىرىنى ئاساس قىلغان. كىتابنىڭ مەركىزىي ئىدىيىسى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئىنسانئوغلى باشقىلارنى ئۆزىگە خىزمەت قىلدۇرغىلى ئەمەس، باشقىلارغا خىزمەت قىلغىلى ۋە جېنىنى پىدا قىلىش بەدىلىگە نۇرغۇن ئادەملەرنى گۇناھتىن ئازاد قىلغىلى كەلگەن، دېگەندىن ئىبارەت مۇھىم تەلىمىگە مۇجەسسەملەشكەن.

ماركۇسنىڭ بۇ كىتابى ئاساسەن يەھۇدىي ئەمەس كىتابخانلارغا قارىتىلغان بولغاچقا، ئۇنىڭدا يەھۇدىيلارنىڭ يوسۇن-قائىدىلىرى چۈشەندۈرۈلگەن.

تېزىس:

1. يەھيا پەيغەمبەرنىڭ ھەزرىتى ئەيسانىڭ يولىنى تەييارلىشى (1-باب 1-ئايەتتىن 8-ئايەتكىچە)

2. ھەزرىتى ئەيسانىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشى ۋە سىنىلىشى (1-باب 9-ئايەتتىن 13-ئايەتكىچە)

3. ھەزرىتى ئەيسانىڭ جەلىلىيىدىكى خىزمىتى (1-باب 14-ئايەتتىن 9-بابنىڭ ئاخىرىغىچە)

4. ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېرۇسالېمغا سەپىرى (10-باب)

5. ھەزرىتى ئەيسانىڭ بۇ دۇنيادىكى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى ھەپتىسى (11-بابتىن 15-بابقىچە)

6. ھەزرىتى ئەيسانىڭ تىرىلىشى ۋە شاگىرتلىرىغا كۆرۈنۈشى (16-باب)