« كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت »




1

1خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئەيسا مەسىھكە ئەلچى بولۇشقا چاقىرىلغان مەنكى پاۋلۇس ۋە قېرىندىشىمىز تىموتىيدىن كورىنت شەھىرىدىكى خۇداغا مەنسۇپ بولغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە، جۈملىدىن يۇنان ئۆلكىسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خۇدانىڭ بارلىق مۇقەددەس خەلقىگە سالام. 2خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھ سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي!

خۇدا _ تەسەللىنىڭ مەنبەسى

3رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئاتىسى، يەنى بارلىق تەسەللىنىڭ مەنبەسى بولغان رەھىمدىل ئاتىمىز خۇداغا مەدھىيىلەر ئوقۇلغاي! 4ھەرقانداق مۈشكۈللۈككە ئۇچرىغىنىمىزدا، خۇدا بىزگە تەسەللى بېرىپ كەلدى. شۇڭا، بىزمۇ خۇدادىن ئالغان تەسەللى بىلەن مۈشكۈل ئەھۋالدا قالغانلارغا تەسەللى بېرەلەيمىز. 5بىز ئەيسا مەسىھ ئۈچۈن كۆپ ئازاب-ئوقۇبەت چەككەن بولساق، ئۇ ئارقىلىق يەنە كۆپ تەسەللىمۇ تاپىمىز. 6بىزنىڭ ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشىمىز سىلەرنىڭ تەسەللى تېپىشىڭلار ۋە قۇتقۇزۇلۇشۇڭلار ئۈچۈندۇر. بىزنىڭ تەسەللى تېپىشىمىز سىلەرنىڭمۇ تەسەللى تېپىشىڭلار ئۈچۈندۇر. بۇ تەسەللى ئارقىلىق، سىلەر بىز بېشىمىزدىن ئۆتكۈزگەندەك ئازاب-ئوقۇبەتكە دۇچ كەلگەندە، سەۋر-تاقەت بىلەن بەرداشلىق بېرەلەيسىلەر. 7شۇڭا، سىلەرنىڭ بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقىڭلارغا ئىشەنچىمىز كامىل. چۈنكى بىز بىلىمىزكى، سىلەر بىز چەككەن ئازاب-ئوقۇبەتنى چەككەنگە ئوخشاش، بىز ئېرىشكەن تەسەللىگىمۇ ئېرىشىسىلەر.

8قېرىنداشلار، بىزنىڭ ئاسىيا ئۆلكىسىدە چەككەن ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمىزدىن خەۋەردار بولۇشۇڭلارنى توغرا تاپتۇق. ئۇ ۋاقىتلاردا، چىدىغۇسىز ئېغىر بېسىم ئاستىدا ھەتتا ھاياتىمىزدىنمۇ ئۈمىد ئۈزگەنىدۇق. 9كۆڭلىمىزدە ھەقىقەتەنمۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم بولدۇق، دەپ ئويلىغانىدۇق. بۇنىڭدىن بىز ئۆزىمىزگە ئەمەس، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىدىغان خۇداغىلا تايىنىشىمىز لازىملىقىنى تونۇپ يەتتۇق. 10خۇدا بىزنى چوڭ بىر ئۆلۈم خەۋپىدىن قۇتۇلدۇرغان ۋە قۇتۇلدۇرىدۇ. ئۈمىدىمىز بىزنى كەلگۈسىدە يەنە قۇتۇلدۇرىدىغان خۇداغا باغلانغان. 11سىلەرمۇ بىزگە دۇئا قىلىۋاتقانلىقىڭلار سەۋەبىدىن بىز ئۈچۈن قىلىنغان تېخىمۇ كۆپ دۇئالار خۇداغا يېتىپ، خۇدا بىزنى ئۆلۈم خەۋپىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، كۆپلىگەن كىشىلەر خۇداغا شۈكۈرلەر ئېيتىدۇ.

پاۋلۇسنىڭ زىيارەت پىلانىنى ئۆزگەرتىشى

12بۇ دۇنيانىڭ دانالىقىغا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ شەپقىتىگە تايىنىپ، يۈرۈش-تۇرۇشىمىزدا بولۇپمۇ سىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزدە سەمىمىي ۋە ئاق كۆڭۈل بولغانلىقىمىزغا ۋىجدانىمىز گۇۋاھتۇر. بىز مانا بۇنىڭ بىلەن پەخىرلىنىمىز. 13بىزنىڭ سىلەرگە يازغانلىرىمىزدا ھېچقانداق يوشۇرۇن مەنە ياكى سىلەر چۈشىنەلمىگۈدەك يەر يوقتۇر. 14مەن شۇنى ئارزۇ قىلىمەنكى، گەرچە سىلەر بىزنى ھازىرغىچە تولۇق چۈشەنمىسەڭلارمۇ، كەلگۈسىدە تولۇق چۈشەنگەيسىلەر. شۇنداق بولغاندا، خۇددى بىز سىلەر بىلەن پەخىرلەنگىنىمىزدەك، رەببىمىز ئەيسا قايتا كەلگەن كۈنى سىلەرمۇ بىز بىلەن پەخىرلىنىسىلەر.

15-16مەن بۇلارغا ئىشەنچ بىلەن قارىغاچقا، سىلەرگە قوش بەخت ئېلىپ كېلىشنى ئويلاپ، ماكېدونىيە ئۆلكىسىگە بېرىشتا ئالدى بىلەن سىلەرگە يولۇقۇپ ئۆتۈشنى، قايتىشىمدا يەنە بىر يولۇقۇپ، سىلەرنىڭ مېنى يەھۇدىيە ئۆلكىسىگە يولغا سېلىپ قويۇشۇڭلارنى نىيەت قىلغانىدىم. 17بىراق قايتىشىمدا، سىلەرگە يولۇقالمىدىم. بۇ، نىيىتىمنىڭ بىقارار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتەرمۇ!؟ ياكى مەن پىلان قىلغاندا، شەخسىي غەرىزىگە يېتىش ئۈچۈن بىر دەم «ھەئە»، بىر دەم «ياق» دەيدىغان ئادەملەردەك بولۇپ قالدىممۇ!؟ 18سىلەرگە ئېيتقان سۆزلىرىم خۇددى خۇدا ئىشەنچلىك بولغاندەك ئىشەنچلىكتۇر. سۆزلىرىم ھەرگىزمۇ بىردەم «ھەئە» بىردەم «ياق» دەپ ئۆزگىرىپ تۇرمايدۇ. 19مەن سىلاس ۋە تىموتىيلار بىلەن سىلەرگە خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزگەن خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھ بىر دەم «ھەئە»، بىر دەم «ياق» دەيدىغانلاردىن ئەمەستۇر. ئۇ خۇدانىڭ پۈتۈن ۋەدىلىرىدىكى «ھەئە»دۇر. 20خۇدانىڭ پۈتۈن ۋەدىلىرى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق «ئامىن» دەپ، خۇدانى ئۇلۇغلايمىز. 21سىلەر بىلەن بىزنى ئەيسا مەسىھكە باغلاپ، ئېتىقادتا مۇستەھكەم قىلغۇچى خۇدادۇر. ئۇ بىزنى ئۆزى ئۈچۈن تاللىدى. 22قەلبىمىزگە مۇقەددەس روھنى سېلىش بىلەن بىزگە ئىگىدارچىلىق مۆھرىنى بېسىپ، ئۇنى ئۆز ۋەدىسىنىڭ تولۇق ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنىڭ كاپالىتى قىلدى. 23خۇدا ماڭا گۇۋاھچى بولسۇنكى، كورىنت شەھىرىگە قايتا بارمىغانلىقىمنىڭ سەۋەبى سىلەرگە قاتتىق قوللۇق قىلىپ قويۇشۇمدىن ساقلىنىش ئۈچۈندۇر. 24بىز سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلماقچى ئەمەسمىز. چۈنكى شۇنى بىلىمىزكى، سىلەر خۇداغا تايىنىپ، ئېتىقادتا مۇستەھكەم تۇرۇۋاتىسىلەر. بىز پەقەت سىلەرنىڭ خۇشال بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، سىلەر بىلەن بىرگە خىزمەت قىلماقچىمىز. 




2

1شۇڭا، شۇ چاغدا مەن يېنىڭلارغا بارماسلىقنى قارار قىلدىم. چۈنكى، سىلەرنى ئۆتكەنكىدەك غەم-قايغۇغا سېلىشنى خالىمىدىم. 2سىلەرنى غەم-قايغۇغا سالسام، مېنى خۇش قىلالايدىغان ئادەملەرنى قايغۇغا سالغان بولمامدىمەن؟ ئۇنداقتا، كىم مېنى خۇش قىلالىسۇن؟ 3شۇنىڭ ئۈچۈن، يېنىڭلارغا بېرىشنىڭ ئورنىغا خەت يازدىم. مەقسىتىم، يېنىڭلارغا بارغان ۋاقتىمدا مېنى خۇشال قىلىشقا تېگىشلىك بولغان سىلەرنىڭ ئەكسىچە مېنى قايغۇغا سالماسلىقىڭلار ئۈچۈندۇر. مەن ئىشىنىمەنكى، مېنىڭ خۇشاللىقىم سىلەرنىڭ خۇشاللىقىڭلاردۇر. 4ئۇ خەتنى سىلەرنى غەم-قايغۇغا سېلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى مېنىڭ سىلەرگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىمنى چۈشىنىشىڭلار ئۈچۈن، قاتتىق قايغۇ-ئەلەم ئىچىدە كۆز ياشلىرىمنى تۆكۈپ تۇرۇپ يازغانىدىم.

گۇناھكارنى قوبۇل قىلىش

5ئەگەر بىرەرسى قايغۇ ئېلىپ كەلگەن بولسا، ئۇ ماڭىلا ئەمەس، پۈتۈن جامائەتچىلىكىڭلارغا مەلۇم دەرىجىدە قايغۇ ئېلىپ كەلدى دېسەم، بۇ كۆپتۈرگەنلىك بولمايدۇ. 6كۆپىنچىڭلار ئۇ كىشىنى يەتكۈچە جازالىغانىدىڭلار. 7ئەمدى ئۇنى كەچۈرۈڭلار ۋە ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىڭلار. بولمىسا، ئۇ ھەددىدىن زىيادە قايغۇرۇپ كېتىدۇ. 8شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭغا مۇھەببىتىڭلارنى كۆرسىتىشىڭلارنى سورايمەن. 9ئالدىنقى خېتىمنى يېزىشىمدىكى سەۋەب سىلەرنىڭ ھەرقانداق ئىشتا مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلايدىغان-ئاڭلىمايدىغانلىقىڭلارنى سىناش ئۈچۈن ئىدى. 10سىلەر ئۇ كىشىنى كەچۈرسەڭلار، مەنمۇ ئۇنى كەچۈرىمەن. مەن كىمنى كەچۈرسەم، بۇنى ئەيسا مەسىھ ئالدىدا سىلەر ئۈچۈن قىلدىم. 11بۇنىڭدىكى مەقسەت، شەيتان تەرىپىدىن ئازدۇرۇلۇپ كەتمەسلىكىمىز ئۈچۈندۇر. چۈنكى، بىز شەيتاننىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىنى ياخشى بىلىمىز.

يېڭى ئەھدىنىڭ خىزمەتكارى

12ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش مەقسىتىدە تروئاس شەھىرىگە بارغىنىمدا رەببىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا پۇرسەت بېرىلگەن بولسىمۇ، 13سىلەرنىڭ خەۋىرىڭلارنى ئېلىپ كەلمەكچى بولغان قېرىندىشىم تىتۇس ئۇ يەرگە تېخى كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، كۆڭلۈم تەشۋىشكە چۈشۈپ، ئۇ يەردىكىلەر بىلەن خوشلىشىپلا ماكېدونىيە ئۆلكىسىگە ئۇنى ئىزدەپ كەتتىم.

14خۇداغا شۈكۈر! خۇدا ھەمىشە بىزنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ زەپەر قوشۇنىدا بولۇشقا مۇيەسسەر قىلىپ، بىز ئارقىلىق خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش بىلەن ئۇنى تونۇشنىڭ خۇش پۇرىقىنى ھەممە يەردە چاچماقتا. 15مانا بىز قۇتقۇزۇلىدىغانلارغىمۇ، ھالاك بولىدىغانلارغىمۇ چېچىلىدىغان، ئەيسا مەسىھنىڭ خۇداغا ئاتىغان خۇش پۇرىقىدۇرمىز. 16بۇ خۇش پۇراق ھالاك بولىدىغانلار ئۈچۈن ئۆلۈم پۇرىقى بولسا، قۇتقۇزۇلىدىغانلار ئۈچۈن ھاياتلىق پۇرىقىدۇر. بۇنداق زور ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن كىم چىقالايدۇ؟ 17ئەلۋەتتە، خۇدانىڭ سۆزىنى پايدا كۆزلەپ بۇرمىلايدىغانلار ھەرگىز بۇنداق ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ. بىز بولساق، ئۇنداق ئادەملەردىن ئەمەسمىز. بىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلار ھەم خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنلەر بولغاچقا، خۇدا ئالدىدا خۇدانىڭ سۆزىنى سەمىمىي يەتكۈزۈۋاتقانلاردۇرمىز. 




3

يېڭى ئەھدىنىڭ خىزمەتكارلىرى

1بۇنداق دېيىش بىلەن يەنە ئۆزىمىزنى كۆرسىتىشكە باشلىدۇقمۇ؟ ياكى بەزىلەردەك، سىلەرگە تونۇشتۇرۇش خېتى ئېلىپ بېرىشىمىز ياكى سىلەردىن تونۇشتۇرۇش خېتى ئېلىشىمىز كېرەكمۇ؟ 2سىلەر ئۆزۈڭلار بىزنىڭ تونۇشتۇرۇش خېتىمىزدۇرسىلەر. چۈنكى، ئەمەلىيىتىڭلاردىن ھەممە كىشى بىزنى ھەم بىزنىڭ ئاراڭلاردا قىلغان ياخشى خىزمىتىمىزنى تونۇۋالالايدۇ. دېمەك، بۇ خەت قەغەزگە ئەمەس، بەلكى قەلبگە يېزىلغاندۇر. 3ئېنىقكى، سىلەر خىزمىتىمىزنىڭ مېۋىسى. سىلەر سىياھ بىلەن ئەمەس، مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ روھى بىلەن؛ تاش تاختىلارغا ئەمەس، ئىنسانلارنىڭ قەلبىگە يېزىلغان، ئەيسا مەسىھ تەييارلىغان خەتتۇرسىلەر.

4يۇقىرىدا ئېيتقانلىرىمىزغا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا ئالدىدا جەزم قىلالايمىز. 5بىز ھەممە ئىشنى ئۆز ئىقتىدارىمىز بىلەن قىلالايمىز، دېمەكچى ئەمەسمەن. چۈنكى، بىزنىڭ ئىقتىدارىمىز خۇدادىن كەلگەندۇر. 6ئۇ بىزنى يېڭى ئەھدىنىڭ خىزمەتكارلىرى قىلىش ئۈچۈن ئىقتىدارلىق قىلدى. بۇ ئەھدە يېزىق بىلەن خاتىرىلەنگەن تەۋرات قانۇنىغا ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھقا ئاساسلانغان. چۈنكى، يېزىق بىلەن خاتىرىلەنگەن تەۋرات قانۇنىغا ھېچكىم تولۇق رىئايە قىلالمىغاچقا، ئۇ ئىنسانلارغا مەڭگۈلۈك ئۆلۈم ئېلىپ كېلىدۇ. مۇقەددەس روھ بولسا گۇناھىغا توۋا قىلغانلارغا مەڭگۈلۈك ھاياتلىق ئاتا قىلىدۇ. 7تاش ئۈستىگە ھەرپلەر بىلەن ئويۇلغان تەۋرات قانۇنى ئىنسانلارغا مەڭگۈلۈك ئۆلۈم ئېلىپ كەلسىمۇ، بۇ قانۇن مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق خۇدانىڭ پارلاق نۇرى ئىچىدە چۈشۈرۈلگەندە، مۇسا پەيغەمبەرنىڭ چىرايى شۇنداق پارلىغانىدىكى، گەرچە نۇر ئاستا-ئاستا يوقالغان بولسىمۇ، ئىسرائىل خەلقى ئۇنىڭ چىرايىغا قاراپ تۇرالمىغانىدى. 8بۇ قانۇننىڭ چۈشۈرۈلۈشى شۇنداق ئۇلۇغ بولغان يەردە، مۇقەددەس روھنىڭ ئېلىپ كېلىدىغىنى تېخىمۇ ئۇلۇغ بولمامدۇ!؟ 9يەنى ئىنسانغا جازا ئېلىپ كېلىدىغان تەۋرات قانۇنى ئۇلۇغ بولغان يەردە، ئىنساننى ھەققانىي قىلىدىغان يېڭى ئەھدە تېخىمۇ ئۇلۇغ بولمامدۇ!؟ 10ئەمەلىيەتتە، بۇرۇنقى ئۇلۇغلۇقنى ھازىرقى تېخىمۇ شانلىق ئۇلۇغلۇق بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ھېچقانچە ئەمەستۇر. 11ۋاقىتلىق يۈرگۈزۈلگىنى ئۇلۇغ بولغان يەردە، مەڭگۈ يۈرگۈزۈلىدىغىنى تېخىمۇ ئۇلۇغ بولمامدۇ!؟

12بىزدە شۇنداق بىر ئۈمىد بولغاچقا، يۈرەكلىك ھالدا خوش خەۋەرنى يەتكۈزۈۋاتىمىز. 13بىز يۈزىدىكى نۇرنىڭ ئاستا-ئاستا ئۆچۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئىسرائىللارنىڭ كۆرۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن يۈزىگە چۈمپەردە تارتىۋالغان مۇسا پەيغەمبەرگە ئوخشىمايمىز. 14ئۇ ۋاقىتتا، ئىسرائىللارنىڭ ئەقلى بىخۇدلىشىپ كەتكەنىدى. ئۇلار تاكى بۈگۈنگىچە كونا ئەھدە، يەنى تەۋراتنى ئوقۇغىنىدا، ئەقلى گويا شۇ چۈمپەردە بىلەن يېپىۋېلىنغاندەك تۇرماقتا. چۈنكى، بۇ چۈمپەردە پەقەت ئەيسا مەسىھ ئارقىلىقلا ئېلىۋېتىلىدۇ. 15شۇنداق، بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۇلار مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن تەۋراتنى ئوقۇغاندا، شۇ چۈمپەردە يەنىلا ئۇلارنىڭ قەلبىنى يېپىۋالماقتا. 16بىراق، ئۇلار قاچان رەبكە يۈزلەنسە، ئۇ چۈمپەردە شۇ چاغدا ئېلىپ تاشلىنىدۇ. 17بۇ يەردىكى «رەب» دېگەنلىك مۇقەددەس روھتۇر. كىمنىڭ قەلبىدە رەبنىڭ روھى بولسا، ئۇنىڭدا ھۆرلۈك بولىدۇ. 18بىزلەردىكى چۈمپەردىلەر ئېلىۋېتىلگەچكە، رەببىمىزنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇنىڭ بىلەن، بىز رەببىمىزگە ئوخشاش بولۇشقا ئۆزگەرتىلىپ، بارا-بارا ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى تېخىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈۋاتىمىز. بۇ رەببىمىزدىن، يەنى مۇقەددەس روھتىندۇر. 




4

قۇدرەتلىك خۇدا ۋە ئاجىز ئىنسان

1خۇدا رەھىم-شەپقىتى بىلەن بۇ خىزمەتنى بىزگە بەرگەنىكەن، جاسارىتىمىزنى يوقاتمايمىز. 2ئۇياتلىق، خۇپىيانە ئىشلارنى قىلىشتىن يىراق تۇرۇپ، ھىيلە-مىكىرلىك قىلمايمىز، خۇدانىڭ سۆزىنى بۇرمىلىمايمىز. ئەكسىچە، ھەقىقەتنى ئۆز پېتى ئېيتىمىز. بۇنىڭ بىلەن، بىز ئۆزىمىزنى خۇدا ئالدىدا ھەممە كىشىگە بىلدۈرىمىز، ئۇلارمۇ ئۆز قەلبىدە بىزنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىمىزنى بىلىدۇ. 3بىز يەتكۈزۈۋاتقان خۇش خەۋەرنىڭ مەنىسى يوشۇرۇن دېيىلسە، ئۇ ھالاك بولىدىغانلار ئۈچۈنلا يوشۇرۇندۇر. 4چۈنكى، بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمرانى بولغان شەيتان خۇدانىڭ ئوبرازى بولغان ئەيسا مەسىھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى بىلدۈرىدىغان خۇش خەۋەرنىڭ نۇرى ئېتىقادسىزلارنىڭ دىلىنى يورۇتمىسۇن دەپ، ئۇلارنىڭ ئەقلىنى ئىشلىمەس قىلىپ قويدى. 5بىز قەيەرگە بارساق، ئۆزىمىزنى ئەمەس، بەلكى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنى جاكارلايمىز. ئۆزىمىزگە كەلسەك، بىز پەقەت ئەيسا مەسىھ ئۈچۈن سىلەرنىڭ خىزمەتكارىڭلارمىز. 6چۈنكى، دۇنيانى ياراتقاندا «نۇر قاراڭغۇلۇقتىن چاقنىسۇن» دەپ ئەمر قىلغان خۇدا بىزنىڭ ئۆزىنىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئايان قىلغان ئۇلۇغلۇقىنى تونۇپ يېتىشىمىز ئۈچۈن، خۇش خەۋەرنىڭ نۇرى بىلەن قەلبىمىزنى يورۇتتى. 7خۇدانىڭ بىزگە ئاتا قىلغىنى خۇش خەۋەرنىڭ نۇرىدىن ئىبارەت بولغان بىباھا خەزىنىدۇر. بىز گويا بۇ خەزىنە قاچىلانغان ساپال ئىدىش. مانا بۇنىڭدىن كىشىلەر بىزدىكى ئۇلۇغ قۇدرەتنىڭ ئۆزىمىزدىن ئەمەس، بەلكى خۇدادىن كەلگەنلىكىنى بىلەلەيدۇ. 8مانا بىز ھەر تەرەپتىن قىيىن ئەھۋالدا قالدۇق، ئەمما يەكسان بولمىدۇق. تەمتىرەپ قالدۇق، ئەمما ئۈمىدسىزلەنمىدۇق. 9قوغلىنىۋاتىمىز، ھالبۇكى خۇدا تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلمىدۇق. يىقىتىلدۇقيۇ، ئەمما يوقىتىلمىدۇق. 10ئەيسا مەسىھكە ئوخشاش ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە، ھەتتا ئۆلۈم خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتىمىز، لېكىن ئەيسا مەسىھ دائىم بىزگە كۈچ-قۇدرەت بېرىپ تۇرۇۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، كىشىلەر ۋۇجۇدىمىزدىن ئۇنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايدۇ. 11شۇنداق، ئەيسا مەسىھكە ئەگەشكەنلىكىمىز سەۋەبىدىن ھەمىشە ئۆلۈمگە دۇچار قىلىنماقتىمىز. كىشىلەر بۇنىڭدىن ئەيسا مەسىھنىڭ ھاياتىنى بىزدە كۆرۈۋالالايدۇ. 12دېمەك، بىز ھەمىشە ئۆلۈمگە دۇچار بولۇۋاتىمىز؛ سىلەر بولساڭلار بۇنىڭ بىلەن ھاياتلىققا ئېرىشىۋاتىسىلەر. 13بىز يەنىلا خۇش خەۋەرنى تارقىتىۋاتىمىز، چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغان «ئېتىقاد قىلدىم، شۇ ۋەجىدىن سۆزلىدىم» دېگۈچىدە بار بولغان ئېتىقاد بىزدىمۇ باردۇر. 14چۈنكى، رەببىمىز ئەيسانى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن خۇدانىڭ بىزنىمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش تىرىلدۈرىدىغانلىقىنى ۋە سىلەر بىلەن بىللە ئۆز ھۇزۇرىغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلىمىز. 15بىز تارتىۋاتقان مۈشكۈلچىلىكلەرنىڭ ھەممىسى سىلەر ئۈچۈندۇر. بۇ ئارقىلىق خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە يەتكۈزۈلىدۇ. شۇنداق بولغاندا، ئۇلارنىڭ تەشەككۈرلىرى خۇداغا ئېيتىلىپ، خۇدا تېخىمۇ ئۇلۇغلىنىدۇ. 16شۇڭا، جاسارىتىمىزنى يوقاتمايمىز. تېنىمىز بارغانسېرى خاراب بولسىمۇ، روھىمىز كۈندىن-كۈنگە يېڭىلانماقتا. 17بىز ئۇچراۋاتقان بۇ ۋاقىتلىق ۋە ئەرزىمەس ئازاب-ئوقۇبەتلەر بىزگە تەڭداشسىز ۋە مەڭگۈلۈك شان-شەرەپ ئېلىپ كېلىدۇ. 18شۇڭا، كۆزىمىز كۆرۈنىدىغاندا ئەمەس، بەلكى كۆرۈنمەيدىغاندىدۇر. چۈنكى، كۆرۈنىدىغىنى ئۆتكۈنچىدۇر، كۆرۈنمەيدىغىنى بولسا مەڭگۈلۈكتۇر. 




5

ئەرشتىكى ماكانىمىز

1بىزگە مەلۇمكى، بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيادىكى چېدىر ئۆرۈلۈپ چۈشكەندە، يەنى تېنىمىزدىن ئايرىلغاندا، ئادەم قولى بىلەن ياسالغان ئەمەس، بەلكى ئەرشتە خۇدا بىزگە ھازىرلاپ قويغان بىر تۇرالغۇغا، يەنى مەڭگۈ مەۋجۇت بولىدىغان بىر تەنگە ئىگە بولىمىز. 2بىز ھازىرقى تېنىمىزدە ياشاۋاتقانلىقىمىزدىن ھەسرەت چېكىپ، ئەرشتىكى تېنىمىزنىڭ ئۇنىڭ ئورنىنى ئېلىشىغا ئىنتىزار بولماقتىمىز. 3چۈنكى، شۇندىلا روھىمىز تەنسىز قالمايدۇ. 4ھازىرقى تېنىمىزدە ياشاۋاتقان بىزلەر ئېغىر يۈكلەر ئاستىدا ھەسرەت چەكمەكتىمىز. چۈنكى، بىز ھازىرقى تېنىمىزدىن قۇتۇلۇپ، ئۆلۈشكە ئەمەس، بەلكى چىرىمەس تەنگە ئىگە بولۇپ، مەڭگۈلۈك ھاياتنىڭ ئۆتكۈنچى ھاياتىمىزنىڭ ئورنىنى ئېلىشىغا ئىنتىزار بولماقتىمىز. 5بىزنى بىز ئىنتىزار بولغان ھاياتلىققا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن تەييارلىغۇچى، شۇنداقلا بۇنىڭ كاپالىتى سۈپىتىدە بىزگە مۇقەددەس روھنى ئاتا قىلغۇچى دەل خۇدانىڭ ئۆزىدۇر.

6شۇنىڭ ئۈچۈن، ھازىرقى تەندە ياشىغىنىمىزدا، رەببىمىزنىڭ ماكانىدا بولالمايدىغانلىقىمىزنى بىلىمىز. ۋەھالەنكى، خۇدانىڭ بىزگە يېڭى تەن بېرىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتكە ئىشەنچىمىز كامىل. 7چۈنكى، كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغانغا ئەمەس، ئېتىقادقا تايىنىپ ياشايمىز. 8ئىشەنچكە ئىگە ئىكەنمىز، ھازىرقى تېنىمىزدىن ۋاز كېچىپ، رەببىمىزنىڭ ماكانىدا بولۇشقا رازىمىز. 9قىسقىسى، مەيلى بۇ تەندە ياشايلى ياكى بۇ تەندىن ۋاز كېچەيلى، نىشانىمىز يەنىلا رەببىمىزنى خۇرسەن قىلىشتۇر. 10چۈنكى، ھەربىرىمىز ھازىرقى تېنىمىزدە ياشىغان ۋاقتىمىزدىكى ياخشى-يامان ئەمەلىيىتىمىزگە يارىشا چوقۇم قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھنىڭ سوراق تەختى ئالدىدا ھېساب بېرىپ جاۋابقا ئېرىشىمىز.

ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا بىلەن يارىشىش

11رەببىمىزدىن ئەيمىنىشنى بىلگەنىكەنمىز، ئىنسانلارنى بۇ ھەقتە قايىل قىلىشقا تىرىشىمىز. بىزنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىمىز خۇداغا ئايان. ۋىجدانىڭلارنىڭمۇ بىزنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىمىزنى تونۇپ يېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. 12بەزىلىرىڭلار ئېيتقاندەك، ئۆزىمىزنى يەنە ماختىماقچى ئەمەسمىز. بەلكى سىلەرگە بىزدىن ماختىنىش پۇرسىتىنى بەرمەكچىمىز. بۇنىڭ بىلەن، ئاتاقتا خۇدانىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان، تېشى پال-پال، ئىچى غال-غال ئاشۇ ماختانچاق كىشىلەرگە جاۋاب بېرەلەيسىلەر. 13بەزىلەرگە نىسبەتەن بىز ئېلىشىپ قالغاندەك كۆرۈنگەن بولساق، كېرەك يوق. چۈنكى، خۇدا بىزنىڭ ھەرقانداق ئىشنى ئۇنىڭ ئۈچۈن قىلىدىغانلىقىمىزنى بىلىدۇ. سىلەرگە نىسبەتەن بىزنىڭ ئەقلىمىز جايىدا، چۈنكى سىلەرنىڭ مەنپەئىتىڭلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىمىزنى بىلىسىلەر. 14بىزنى شۇنداق قىلىشقا قىستاۋاتقىنى ئەيسا مەسىھنىڭ مۇھەببىتىدۇر. بىز ئەيسا مەسىھنىڭ ھەممىمىز ئۈچۈن ئۆلگەنلىكىگە ئىشەنگەنىكەنمىز، ئۆزىمىزنىڭ بۇرۇن ياشاپ كەلگەن ھاياتىمىزغا نىسبەتەن ئۆلگەنلىكىمىزگىمۇ ئىشىنىمىز. 15ئەيسا مەسىھ پۈتكۈل ئىنسانلار ئۈچۈن ئۆلدى. مەقسەت، ئۇ ئاتا قىلغان يېڭى ھاياتقا ئېرىشكەنلەرنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى دەپ ئۆلگەن ۋە ئۆلۈمدىن تىرىلگەن ئەيسا مەسىھ ئۈچۈن ياشىسۇن، دېگەنلىكتىن ئىبارەت.

16شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز بۇنىڭدىن كېيىن ھېچكىمگە بۇ دۇنيانىڭ كۆزقارىشى بىلەن قارىمايمىز. گەرچە بىز بۇرۇن مۇشۇ كۆزقاراش بىلەن ئەيسا مەسىھنى پەقەتلا بىزگە ئوخشاش بىر ئىنسان دەپ قارىغان بولساقمۇ، ئەمدى ئۇنداق دەپ قارىمايمىز. 17بىر كىشى ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولىدىكەن، ئۇ يېڭىدىن يارالغان ئادەمدۇر. ئۇنىڭ كونا ھاياتى ئاخىرلىشىپ، يېڭىسى باشلانغان بولىدۇ. 18بۇلارنىڭ ھەممىسى خۇدادىندۇر. خۇدا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بىزنى ئۆزى بىلەن ياراشتۇردى، شۇنداقلا بىزگە كىشىلەرنى ئۆزى بىلەن يارىشىشقا چاقىرىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇردى. 19دېمەك، خۇدا ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىدىن ھېساب ئالماي، ئۇلارنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئۆزى بىلەن ياراشتۇردى، شۇنداقلا ئۆزى بىلەن ياراشتۇرۇلۇش ھەققىدىكى بۇ خۇش خەۋەرنى بىزگە ئامانەت قىلدى. 20شۇڭا، بىز ئەيسا مەسىھنىڭ ۋەكىللىرى ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن سىلەرنى شۇنىڭغا ئۈندەيمىزكى، خۇدا بىلەن يارىشىڭلار. بەجايىكى، بۇ خۇدانىڭ بىز ئارقىلىق سىلەرنى مۇراجىئەت قىلغىنىدۇر. 21خۇدا بىزنىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىشىمىز ئۈچۈن، گۇناھسىز مەسىھنى گۇناھىمىزنىڭ قۇربانى قىلدى. 




6

1بىز خۇدا بىلەن بىللە خىزمەت قىلغۇچى سۈپىتىدە خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنىڭ سىلەردە بىكارغا كەتمەسلىكىنى ئۆتۈنىمىز. 2چۈنكى، خۇدا مۇنداق دەيدۇ:

«ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە، ساڭا قۇلاق سالىمەن،

قۇتقۇزۇلۇش كۈنىدە ساڭا شاپائەت قىلىمەن.»

سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، خۇدانىڭ «ۋاقىت-سائىتى» دېگىنى ھازىردۇر، خۇدانىڭ قۇتقۇزۇش كۈنى بۈگۈندۇر.

3باشقىلارنىڭ ئېتىقادىغا توسالغۇ بولىدىغان ئىشلارنى قىلىپ، ئەلچىلىك خىزمىتىمىزگە داغ كەلتۈرمەيۋاتمىز. 4بەلكى ھەممە ئىشتا خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرى ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىپ، ھەر خىل مۈشكۈللۈك، ئاۋارىچىلىك ۋە جاپا-مۇشەققەتلەرگە بەرداشلىق بېرىۋاتىمىز. 5تاياق يېدۇق، زىنداندا ياتتۇق، توپىلاڭچىلارنىڭ پاراكەندىچىلىكلىرىگە دۇچ كەلدۇق، ھالىمىزدىن كەتكۈدەك ئىشلىدۇق، ئۇيقۇسىز قالدۇق ۋە ئاچارچىلىقلارغا ئۇچرىدۇق. 6پاكلىقىمىز، ئەقىل-پاراسىتىمىز، سەۋر-تاقىتىمىز، مېھرىبانلىقىمىز، سەمىمىي مۇھەببىتىمىز ۋە مۇقەددەس روھتىن كەلگەن كۈچ بىلەن ئۆزىمىزنىڭ خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرى ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسەتتۇق. 7خۇدانىڭ ھەقىقىتىنى يەتكۈزدۇق، خۇدانىڭ قۇدرىتىنىڭ بىز بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدۇق. ھەققانىيلىقنى ئۆزىمىزگە قورال قىلىپ، تۈرلۈك ھۇجۇملارغا زەربە بېرىش بىلەن بىرگە ئۆزىمىزنىمۇ قوغدىدۇق. 8ھۆرمەتكىمۇ سازاۋەر بولدۇق، ھاقارەتلەرگىمۇ ئۇچرىدۇق. ئەيىبكىمۇ بۇيرۇلدۇق، ماختاشقىمۇ مۇيەسسەر بولدۇق. كىشىلەر بىزنى ئالدامچىمۇ دېدى، بىراق بىز دۇرۇس كىشىلەرمىز. 9تونۇلمىغان ئەرزىمەس كىشىلەردەك قارالساقمۇ، لېكىن ھەممىگە تونۇشمىز. ئۆلۈم گىردابىدا بولساقمۇ، لېكىن يەنىلا ھاياتمىز. تاياق يېگەن بولساقمۇ، ئۆلتۈرۈلمىدۇق. 10قايغۇ-ئەلەمدە بولساقمۇ، ھەمىشە شاد-خۇراممىز. نامرات بولساقمۇ، نۇرغۇن كىشىلەرنى روھىي جەھەتتە باي قىلىۋاتىمىز. ھېچ نەرسىمىز يوق بولسىمۇ، ھەممىگە ئىگىمىز.

11ئەي كورىنتلىقلار، سىلەرگە ئوچۇق-ئاشكارا سۆزلىدۇق، سىلەرگە باغرىمىزنى كەڭ ئاچتۇق. 12سىلەردىن مۇھەببىتىمىزنى ئايىمىدۇق، لېكىن سىلەر بىزدىن مۇھەببىتىڭلارنى ئايىدىڭلار. 13مەن سىلەرگە ئۆز پەرزەنتلىرىمگە ئېيتقاندەك ئېيتايكى، كەڭ قورساق بولۇپ، بىزگە خۇددى بىز سىلەرگە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىڭلار.

ئېتىقادسىزلارنىڭ تەسىرىدىن ساقلىنىش

14ئېتىقادسىزلار بىلەن بىر بويۇنتۇرۇققا كىرمەڭلار. چۈنكى، ھەققانىيلىق بىلەن ھەققانىيسىزلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا قانداقمۇ ئورتاقلىق بولسۇن!؟ يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇق قانداقمۇ چىقىشالىسۇن!؟ 15مەسىھ بىلەن شەيتان* قانداقمۇ كېلىشەلىسۇن!؟ ئېتىقادچىلار بىلەن ئېتىقادسىزلارنىڭ نېمە ئورتاقلىقى بولسۇن!؟ 16خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى بىلەن بۇتلار ئارىسىدا قانداقمۇ بىرلىك بولسۇن!؟ بىز مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى. خۇددى خۇدانىڭ ئېيتقىنىدەك:

«خەلقىم ئىچىدە تۇرىمەن،

ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يۈرىمەن.

ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن،

ئۇلارمۇ مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ.»

17شۇنىڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئېتىقادسىزلاردىن ئايرىلىپ نېرى تۇرۇڭلار.

ناپاك ئىشلارغا يېقىن يولىماڭلار،

شۇندا، مەن سىلەرنى قوبۇل قىلىمەن.»

«ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار يەنە:

18‹سىلەرگە ئاتا بولىمەن.

سىلەرمۇ مېنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىم بولىسىلەر.› دەيدۇ.»



*15ئەسلى تېكىستتە «بەلىيال» دەپ ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىبرانىي تىلىدىكى مەنىسى «ئەرزىمەس، ئوسال».



 

7

1قەدىرلىك قېرىنداشلار، بۇ ۋەدىلەرگە ئېرىشكەنىكەنمىز، تەننى ۋە روھنى بۇلغايدىغان ھەرقانداق نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇپ ئۆزىمىزنى پاك تۇتايلى. خۇدادىن ئەيمەنگەن ھالدا ئۆزىمىزنى پۈتۈنلەي خۇداغا ئاتايلى.

پاۋلۇسنىڭ كورىنتلىقلارغا بولغان ئىشەنچى

2قەلبىڭلاردىن بىزگە ئورۇن بېرىڭلار. بىز ھېچكىمگە ناھەقلىق قىلمىدۇق، ھېچكىمنى ئېتىقاد يولىدىن ئازدۇرمىدۇق، ھېچقاچان ئۆزىمىزنىڭ مەنپەئىتىگە چوغ تارتمىدۇق. 3مەن بۇ سۆزلەرنى قىلىش ئارقىلىق سىلەرنى تەنقىدلىمەكچى ئەمەسمەن. بۇرۇن ئېيتقىنىمدەك، قەلبىمىزدىن شۇنداق ئورۇن ئالدىڭلاركى، بىز سىلەر بىلەن ھايات-ماماتتا بىرگە بولىمىز. 4سىلەرگە ئىشەنچىم كامىل ھەم سىلەردىن پەخىرلىنىمەن. ئېغىر مۈشكۈلچىلىكلەردە قالغاندا، سىلەر ئارقىلىق تەسەللى تېپىپ، چەكسىز خۇشاللىققا چۆمگەنىدىم.

5ماكېدونىيە ئۆلكىسىگە بارغاندىن كېيىن، كۆڭلىمىز ئەمىن تاپماي،* خىلمۇخىل قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدۇق. سىرتتا جېدەل-ماجىرا، ئىچىمىزدە قورقۇنچ بولدى. 6لېكىن روھى چۈشكەنلەرگە تەسەللى بېرىدىغان خۇدا تىتۇسنى يېنىمىزغا ئەۋەتىش ئارقىلىق بىزگە تەسەللى بەردى. 7بىز پەقەت ئۇنىڭ كېلىشى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ سىلەردىن ئالغان تەسەللىسى بىلەنمۇ تەسەللى تاپتۇق. ئۇ سىلەرنىڭ ماڭا بولغان سېغىنىشىڭلارنى، ئۆتكۈزگەن سەۋەنلىكىڭلارغا قىلغان پۇشايمىنىڭلارنى ۋە ماڭا بولغان قىزغىنلىقىڭلارنى بىزگە ئېيتقاندا، خۇشاللىقىم تېخىمۇ ئاشتى.

8ئىلگىرىكى خېتىمنىڭ سىلەرگە بىر مەزگىل قايغۇ ئېلىپ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقىنىمدا، پۇشايمان قىلغان بولساممۇ، لېكىن ھازىر پۇشايمان قىلمايمەن. 9ھازىر خۇشالمەن. سىلەرنى قايغۇغا سالغانلىقىمغا ئەمەس، بۇ قايغۇنىڭ سىلەرنى توۋا قىلىشقا ئېلىپ بارغانلىقىغا خۇشالمەن. چۈنكى، سىلەرنىڭ بۇنداق قايغۇغا چۆكۈشۈڭلار خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە بولدى. شۇڭا ئېيتالايمەنكى، بىز سىلەرنى قايغۇغا سالغان بولساقمۇ، ئۇنىڭدىن ھېچقانداق زىيان تارتمىدىڭلار. 10چۈنكى، خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن چەككەن قايغۇ كىشىنى توۋا قىلدۇرۇپ، ئۇنى قۇتقۇزۇلۇشقا ئېلىپ بارىدۇ. بۇ خىل توۋا قىلىش كىشىنى پۇشايمان قىلدۇرمايدۇ. لېكىن، بۇ دۇنيانىڭ ھەلەكچىلىكى ئۈچۈن بولغان قايغۇ بولسا كىشىنى توۋا قىلدۇرۇشقا ئەمەس، بەلكى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ. 11خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن چەككەن ئەنە شۇ قايغۇلارنىڭ سىلەردە قانداق ياخشى مېۋىلەرنى بەرگەنلىكىنى ئويلاڭلار: ئەستايىدىللىق بىلەن خاتالىقىڭلارنى تۈزىتىپ، ئۆزۈڭلارنى ئاقلىدىڭلار، ئاراڭلاردىكى گۇناھكارنىڭ قىلمىشىدىن غەزەپلەندىڭلار ھەمدە بۇ قىلمىشنىڭ داۋاملىشىشى بىلەن خۇدانىڭ جازاسىنىڭ سىلەرگە كېلىشىدىن قورقتۇڭلار، مەن بىلەن كۆرۈشۈشكە ئىنتىزار بولدۇڭلار، مېنىڭ ئەلچىلىك ھوقۇقۇمنى ھۆرمەتلەپ، ماڭا قىزغىن بولدۇڭلار، گۇناھكارنى جازالاش ئارقىلىق ئادالەتپەرۋەرلىكىڭلارنى كۆرسەتتىڭلار. مانا بۇلار ئارقىلىق سىلەرنىڭ بۇ ئىشتا توغرا قىلغانلىقىڭلار ئېنىق بولدى.

12ئۆتكەن قېتىملىق خەتنى يېزىشىمدىكى ئاساسلىق مەقسەت، كىمنىڭ ئازار بەرگەنلىكى ۋە كىمنىڭ ئازار يېگەنلىكىنى بېكىتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى سىلەرنىڭ خۇدا ئالدىدا بىز ئۈچۈن نەقەدەر قىزغىن ئىكەنلىكىڭلارنى ئۆزۈڭلارغا بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئىدى. 13بىز سىلەرنىڭ شۇ قىزغىنلىقىڭلاردىن تەسەللى تاپتۇق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تىتۇسنىڭ خۇشاللىقىنى كۆرۈپ، خۇشاللىقىمىز تېخىمۇ ئاشتى. چۈنكى، سىلەرنىڭ سەۋەبىڭلاردىن ئۇنىڭ روھى كۆتۈرەڭگۈ ئىدى. 14سىلەرنى ئۇنىڭغا ماختاپ بەرگەنىدىم، سىلەرمۇ مېنى يەرگە قارىتىپ قويمىدىڭلار. خۇددى سىلەرگە ئۆگەتكەنلىرىمنىڭ ھەممىسى راست بولغىنىدەك، سىلەرنى تىتۇسقا ماختاپ ئېيتقانلىرىمنىڭمۇ راست ئىكەنلىكى ئەمەلىيىتىڭلار ئارقىلىق ئىسپاتلىنىپ چىقتى. 15شۇڭا، تىتۇس ھەممىڭلارنىڭ ئۇنىڭغا قانداق ئىتائەتمەن بولغانلىقىڭلارنى، ئۇنى شۇنچە چوڭ كۆرۈپ، ھۆرمەت بىلەن كۈتۈۋالغانلىقىڭلارنى ئەسلىگىنىدە، ئۇنىڭ سىلەرگە بولغان مۇھەببىتى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشماقتا. 16سىلەرگە ھەر جەھەتتىن ئىشەنچ قىلالىغانلىقىم ئۈچۈن خۇشالمەن.



*52-باب 13-ئايەتكە قارالسۇن.



 

8

سېخىيلىق بىلەن ئىئانە قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش

1قېرىنداشلار، سىلەرگە خۇدانىڭ ماكېدونىيە ئۆلكىسىدىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكلىرىدە كۆرسەتكەن مېھىر-شەپقىتى توغرىسىدا ئېيتماقچىمىز. 2ئۇلار بېشىدىن ئۆتكۈزگەن مۈشكۈل كۈلپەتلەر ئارقىلىق قاتتىق سىنالدى. شۇنداقتىمۇ، ئۇلارنىڭ خۇشاللىقى تولۇپ تېشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىنتايىن كەمبەغەللىكىگە قارىماي، قولى ئوچۇقلۇق ۋە مەردلىك قىلدى. 3ئۇلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن كۈچىنىڭ يېتىشىچە، ھەتتا ئۆزىگە قالمىسىمۇ ئىئانە قىلغانلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىمەن. 4ئۇلار يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى ئېتىقادچىلارغا قىلىنىدىغان ياردەمگە ئۆزلىرىنىڭمۇ ھەسسە قوشۇشىنى بىزدىن ئۆتۈنۈپ سوراشتى. 5بۇ ھەقىقەتەن بىزنىڭ ئۇلاردىن كۈتكىنىمىزدىن كۆپ ئېشىپ كەتتى. ئۇلار ئالدى بىلەن ئۆزلىرىنى رەببىمىزگە ئاتىدى، ئاندىن خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە بىزگە ئاتىدى. 6تىتۇس خېلى بۇرۇن سىلەرنىڭ بۇ مەردلەرچە ئىئانە قىلىشنى باشلىشىڭلارغا ياردەم قىلغانىكەن، ئۇنىڭدىن بۇ ئىشنىڭ ئاخىرىنى چىقىرىشىڭلارغا ياردەم بېرىشنى ئۆتۈندۇق. 7سىلەر ھەممە ئىشتا _ ئېتىقاد يولىدا، سۆز قابىلىيىتىدە، خۇدا ھەققىدىكى بىلىم ۋە باشقىلارغا ياردەم بېرىشكە بولغان قىزغىنلىقتا ۋە بىزگە بولغان مېھىر-مۇھەببەتتە ئالدىدا تۇرغاندەك، بۇ قېتىملىق ئىئانە قىلىشتىمۇ ئالدىدا تۇرۇڭلار. 8بۇ سۆزلىرىمنى سىلەرگە بۇيرۇق تەرىقىسىدە ئېيتقىنىم يوق. مەن مېھىر-مۇھەببىتىڭلارنىڭ سەمىمىيلىكىنى ماكېدونىيىدىكى جامائەتچىلىكلەرنىڭ ئىئانە توپلاش جەريانىدا كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتى بىلەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق سىناپ كۆرمەكچىمەن. 9رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ نەقەدەر مېھىر-شەپقەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر. گەرچە ئۇ باي بولسىمۇ، سىلەر ئۈچۈن نامرات بولدى. مەقسەت، ئۆزى نامرات بولۇش ئارقىلىق سىلەرنى روھىي جەھەتتىن باي قىلىش ئىدى.

10مەن سىلەرگە پايدىلىق بولغان بىر تەكلىپنى بېرەي. سىلەر ئۆتكەن يىلى پەقەت ئىئانە بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپلا قالماي، بەلكى ئۇنى ئىختىيار بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىمۇ ھەممىنىڭ ئالدىدا بولدۇڭلار. 11ئەمدى بۇ خىزمەتنىڭ ئايىغىنى چىقىرىڭلار. سىلەر بۇ ئىشنى دەسلەپتە پىلانلىغان ۋاقتىڭلاردىكىدەك قىزغىنلىق بىلەن تاماملاڭلار ھەمدە ئۆزۈڭلارنىڭ ئىقتىسادى يار بەرگەن شارائىت ئاستىدا ياردەم قولۇڭلارنى سۇنۇڭلار. 12بىر كىشى رازىمەنلىك بىلەن چامىسىنىڭ يېتىشىچە بەرسە، بۇ ئىش خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ. خۇدا ھەرگىزمۇ بىركىمدىن ئۆزىدە يوقىنىمۇ بېرىشنى تەلەپ قىلمايدۇ.

13باشقىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن ئۆزۈڭلارنى قىيناڭلار، دېگىنىم يوق. ئەكسىچە، ئىككىلا تەرەپتە باراۋەرلىك بولسۇن دەيمەن. 14سىلەردە ئارتۇق بولغىنى ھازىرچە ئۇلارنىڭ كەم يېرىنى تولدۇرغىنىدەك، ئۇلاردا ئارتۇق بولغىنى كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىلەرنىڭ كەم يېرىڭلارنى تولدۇرىدۇ. مانا شۇنداق بولغاندا، باراۋەرلىك بولغان بولىدۇ. 15خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك:

«كۆپرەك يىغىۋالغانلارنىڭ ئېشىپ قالمىدى،

ئاز يىغىۋالغانلارنىڭمۇ كېمىپ قالمىدى.»

تىتۇس ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى

16مېنىڭ سىلەرگە بولغان قىزغىنلىقىمدەك قىزغىنلىقنى تىتۇسنىڭ قەلبىگە سالغان خۇداغا شۈكۈرلەر بولغاي! 17تىتۇسنىڭ يېنىڭلارغا بارماقچى بولغىنى پەقەت بىزنىڭ تەلىپىمىز بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئۆز ئىختىيارى ۋە سىلەرگە بولغان قىزغىنلىقى بىلەن بولدى. 18بىز بىر قېرىندىشىمىزنى ئۇنىڭغا قوشۇپ قويماقچىمىز. ئۇ قېرىندىشىمىز خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش يولىدا پۈتۈن ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكلىرىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان. 19يەنە كېلىپ، ئۇ توپلانغان ئىئانىلارنى يېرۇسالېمغا ئاپىرىش سەپىرىدە بىز بىلەن ھەمسەپەر بولۇش ئۈچۈن، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكلىرى تەرىپىدىن تەيىنلەنگەنىدى. بىزنىڭ مەقسىتىمىز ئىئانە توپلاش ئارقىلىق رەببىمىزنى ئۇلۇغلاش ۋە ياردەمگە تەييار ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىشتۇر. 20باشقىلارنىڭ قۇسۇر تېپىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، مەردلەرچە بېرىلگەن بۇ ئىئانىلارنى باشقۇرۇشتا ئېھتىيات قىلىپ، ئۇ قېرىندىشىمىزنى بىللە ئېلىپ بېرىشنى لايىق تاپتۇق. 21يامان ئاتاققا قالماسلىق ئۈچۈن، پەقەت رەببىمىزنىڭ نەزىرىدە ئەمەس، ئىنسانلارنىڭ نەزىرىدىمۇ توغرا دەپ قارالغان ئىشلارنى قىلىشقا دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمىز.

22بىز كۆپ قېتىم ۋە كۆپ ئىشلاردا سىناش ئارقىلىق باشقىلارغا ياردەم بېرىشتە قىزغىن دەپ قارىغان يەنە بىر قېرىندىشىمىزنىمۇ ئۇلار بىلەن بىللە ئەۋەتمەكچىمىز. ئۇ سىلەرنىڭ بۇ ئىئانە ئىشىنى بىر باشقا ئېلىپ چىقالايدىغانلىقىڭلارغا ئىشەندى. بۇ ئىشەنچ ئۇنىڭ سىلەرگە ياردەم بېرىشتىكى قىزغىنلىقىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى. 23تىتۇسقا كەلسەك، ئۇ مېنىڭ ھەمراھىم ۋە ئاراڭلاردا قىلىۋاتقان ئىشلىرىمدا خىزمەتدىشىمدۇر. باشقا ئىككى قېرىندىشىمىز بولسا جامائەتچىلىكلەرنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ، ئۇلار ئەيسا مەسىھكە شان-شەرەپ كەلتۈرگۈچىلەردىندۇر. 24شۇڭا، سىلەر ھەرقايسى جامائەتچىلىكلەر ئالدىدا ئۇلارغا مۇھەببىتىڭلارنى كۆرسىتىڭلار. شۇنىڭ بىلەن، جامائەتچىلىكلەر بىزنىڭ سىلەردىن ماختىنىشىمىزنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى بىلسۇن. 




9

سېخىي بولۇشقا ئۈندەش

1ئېتىقادچىلار ئۈچۈن توپلىنىدىغان بۇ ئىئانە توغرۇلۇق سىلەرگە خەت يېزىۋېرىشىمنىڭ ھاجىتى يوق. 2چۈنكى، ياردەم بېرىشتە قىزغىن ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىمەن. مەن ماكېدونىيىدىكى ئېتىقادچىلار ئالدىدا يۇنان ئۆلكىسىدىكى سىلەرنىڭ ئۆتكەن يىلدىن بېرى، ئىئانە بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىڭلاردىن ماختىنىپ كەلدىم. دەل سىلەرنىڭ بۇ قىزغىنلىقىڭلار ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنى ئىئانە توپلاش ئۈچۈن قوزغاتتى. 3بۇ ئىشتا سىلەر بىلەن ماختىنىشىمنىڭ قۇرۇق گەپ بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، سىلەرنى مېنىڭ ئېيتقىنىم بويىچە تەييارلىق قىلىپ تۇرسۇن دەپ، بۇ ئۈچ قېرىنداشنى يېنىڭلارغا ئەۋەتمەكچىمەن. 4ناۋادا ماكېدونىيىدىكى بەزى قېرىنداشلار مەن بىلەن بىللە بېرىپ، سىلەرنىڭ تەييارلىق قىلمىغانلىقىڭلارنى كۆرسە، سىلەر بىر ياقتا قېلىپ، سىلەرگە بولغان كۈچلۈك ئىشەنچىم ۋەجىدىن مەن خىجالەت بولۇپ قېلىشىم تۇرغان گەپ. 5شۇ سەۋەبتىن، سىلەرنىڭ بېرىشكە ۋەدە قىلغان مەردلەرچە ئىئانەڭلارنى ئالدىنئالا تەييار قىلىشىڭلار ئۈچۈن، بۇ قېرىنداشلارنىڭ يېنىڭلارغا بىزدىن ئاۋۋال بېرىشىنى زۆرۈر تاپتىم. شۇنداق بولغاندا، ئىئانەڭلارنىڭ تەييارلانغانلىقىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمەس، بەلكى رازىمەنلىك بىلەن قىلىنغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. 6ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، ئاز تېرىغان ئاز ئالىدۇ، كۆپ تېرىغان كۆپ ئالىدۇ. 7ھەركىم قىينىلىپ تۇرۇپ ياكى مەجبۇرىي ھالدا ئەمەس، ئۆز كۆڭلىدە نىيەت قىلغىنى بويىچە بەرسۇن. چۈنكى، خۇدا خۇشاللىق بىلەن بەرگۈچىنى ياخشى كۆرىدۇ. 8خۇدا سىلەرنىڭ ئېھتىياجىڭلارنى قاندۇرۇشقا قادىردۇر. شۇنداق بولغاچقا، ھەر دائىم، ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا ئېھتىياجىڭلار قاندۇرۇلۇپ، باشقىلارغا خەير-ساخاۋەتلىك بولالايسىلەر.

9مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك:

«ئۇ يوقسۇللارغا مەردلەرچە سەدىقە بېرەر

ئۇنىڭ خەير-ساخاۋەتلىكى مەڭگۈ ئۇنتۇلماس.»

10دېھقانغا تېرىغىلى ئۇرۇق، يېگىلى ئوزۇق ئاتا قىلغان خۇدا سىلەرنىڭ ھاجەتمەنلەرگە تېخىمۇ مەردلىك بىلەن بېرەلىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردە بارنى كۆپەيتىدۇ. 11سىلەرنىڭ ھەمىشە مەردلىك بىلەن باشقىلارغا ياردەم قىلىشىڭلار ئۈچۈن، خۇدا سىلەرنى ھەرقايسى جەھەتلەردىن بەرىكەتلىك قىلىدۇ. بىز سىلەرنىڭ ئىئانەڭلارنى ئېھتىياجلىق بولغانلارغا بەرگىنىمىزدە، ئۇلار خۇداغا تەشەككۈرلەر ئېيتىدۇ. 12سىلەر قىلغان بۇ ياردەم يېرۇسالېمدىكى ئېتىقادچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپلا قالماي، ئۇلارنىڭ خۇداغا بولغان شۈكۈرلىرىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ. 13سىلەرنىڭ بۇ قېتىمقى ئىئانەڭلار ئېتىقادىڭلارنىڭ ھەقىقىي ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتىدۇر. كىشىلەر سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلار ئېتىراپ قىلغان ئەيسا مەسىھ ھەققىدىكى خۇش خەۋەرگە سادىق بولغانلىقىڭلار، شۇنداقلا مال-مۈلكۈڭلارنى ئۆزلىرى ۋە كۆپچىلىك بىلەن مەردلەرچە ئورتاقلاشقانلىقىڭلار ئۈچۈن، خۇدانى ئۇلۇغلايدۇ. 14ئۇلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان پەۋقۇلئاددە مېھىر-شەپقەت سەۋەبىدىن سىلەرگە ئىشتىياق باغلاپ، سىلەرگە دۇئا قىلماقتا. 15تىل بىلەن تەسۋىرلىگىلى بولمايدىغان ئىلتىپاتى، يەنى ئۆز ئوغلىنى ئاتا قىلغىنى ئۈچۈن، خۇداغا شۈكۈرلەر بولغاي! 




10

پاۋلۇسنىڭ ئەلچىلىك ھوقۇقىنى ئاقلىشى

1سىلەر بىلەن بىللە بولغاندا مۇئامىلىسى يۇمشاق، لېكىن بىللە بولمىغاندا سىلەرگە قارىتا قاتتىق قول دەپ قارالغان مەنكى پاۋلۇس ئەيسا مەسىھتەك مۇلايىملىق ۋە رەھىمدىللىك بىلەن سىلەردىن شۇنى ئۆتۈنۈپ تەلەپ قىلىمەنكى، 2يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، بىزنى بۇ دۇنيانىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرى بويىچە ياشايدىغانلار دەپ قارايدىغان بەزى كىشىلەرگە قىلماقچى بولغان قاتتىق مۇئامىلىنى سىلەرگىمۇ قىلىشىمىزغا مەجبۇر قىلماڭلار. 3بۇ دۇنيادا ياشىساقمۇ، بۇ دۇنيانىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرى بويىچە ياشايدىغانلاردەك جەڭ قىلمايمىز. 4چۈنكى، جەڭ قوراللىرىمىز بۇ دۇنياغا خاس قوراللار ئەمەس، بەلكى شەيتاننىڭ مۇستەھكەم قەلئەلىرىنى گۇمران قىلىدىغان، خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە ئىگە بولغان قوراللاردۇر. 5بىز بۇ قوراللار بىلەن بىمەنە سەپسەتىلەرنى ۋە خۇدانى تونۇشقا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەر خىل كۆرەڭ كۆزقاراشلارنى بىتچىت قىلىمىز ھەمدە كىشىلەرنىڭ ئۆز ئوي-پىكىرلىرىنى ئەيسا مەسىھكە بېقىندۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشى ئۈچۈن، ئۇلارنى قايىل قىلىمىز. 6سىلەر ئەيسا مەسىھكە تولۇق ئىتائەت قىلغاندىن كېيىن، ئاراڭلاردىكى ھەر خىل ئىتائەتسىزلىكتە تۇرۇۋالغۇچىلارنى جازالاشقا تەييارمىز.

7سىلەر پەقەت سىرتقى كۆرۈنۈشكىلا قارايدىكەنسىلەر. ئەگەر بىرى ئۆزىنى ئەيسا مەسىھكە ۋەكىللىك قىلىمەن دەپ قاراپ، مېنى ئىنكار قىلغان بولسا، يەنە ياخشىراق ئويلىنىپ، مېنىڭمۇ ئەيسا مەسىھكە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىمنى ئېتىراپ قىلسۇن. 8رەببىمىز تەرىپىدىن ماڭا بېرىلگەن ئەلچىلىك ھوقۇقى سىلەرنى نابۇت قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى روھىي جەھەتتە يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن بېرىلگەن. شۇڭا، بۇ ھوقۇق بىلەن زىيادە ماختانساممۇ، ھەرگىز خىجالەت بولمايمەن.

9سىلەر خەتلىرىمنى بىزنى قورقۇتۇش ئۈچۈن يازدى، دەپ ئويلاپ قالماڭلار. 10دەرۋەقە بەزىلەر، «پاۋلۇسنىڭ خەتلىرى ھەم قاتتىق ھەم كۈچلۈك، بىراق ئۆزىنى كۆرسىڭىز ئىقتىدارسىز، سۆزلىرى تۇتۇرۇقسىز» دېيىشىدۇ. 11بۇ كىشىلەر شۇنى بىلسۇنكى، يىراقتىن سىلەرگە يازغان خەتلىرىمدە نېمە قىلىمەن دېگەن بولسام، يېنىڭلارغا بارغاندىمۇ شۇنى قىلىمەن.

12ئۆزىنى قالتىس چاغلايدىغان كىشىلەر بىلەن ئۆزىمىزنى بىر قاتاردا قويۇشقا ۋە ئۇلار بىلەن سېلىشتۇرۇشقا قانداقمۇ جۈرئەت قىلايلى؟ ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئۆلچىمى بىلەن ئۆلچەيدۇ، ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى بىلەن سېلىشتۇرىدۇ. مانا بۇ ئۇلارنىڭ ئەقىلسىزلىقىنى كۆرسىتىدۇ. 13لېكىن، بىز ئۆزىمىزدە بار بولمىغان ھوقۇقلار بىلەن ماختىنىپ يۈرگىنىمىز يوق. ماختانساقمۇ، خۇدانىڭ پىلانى دائىرىسىدە خىزمەت قىلىش بىلەن ماختىنىمىز. بۇ پىلان خۇش خەۋەرنى سىلەرگىمۇ يەتكۈزۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. 14ئەگەر بىز خۇش خەۋەرنى سىلەرگە تۇنجى يەتكۈزگەنلەردىن بولمىساقىدۇق، ئۇنداقتا شۇ ھوقۇقلىرىمىزدىن ماختىنىشىمىز بىزنىڭ ئۆز دائىرىمىزنىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتكەنلىكىمىز دەپ ھېسابلانسا بولاتتى. لېكىن، ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى يىراقتىكى سىلەرگە دەسلەپ يەتكۈزگەن بىز بولدۇق. 15قىسقىسى، ئۆز خىزمەت دائىرىمىزدىن چىقىپ، باشقىلارنىڭ خىزمىتى بىلەن ماختانغىنىمىز يوق. بىز پەقەت ئېتىقادىڭلارنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىپ، ئاراڭلاردا قىلغان خىزمىتىمىزنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. 16شۇنداق بولغاندا، بىز سىلەردىنمۇ يىراق بولغان، تېخى خوش خەۋەر يەتكۈزۈلمىگەن جايلارغا بېرىپ، خوش خەۋەر يەتكۈزەلەيمىز. تەييارغا ھەييار بولۇپ، باشقىلارنىڭ ئۆز خىزمەت دائىرىسىدە قىلغان ئەجرى بىلەن ماختىنىش بىزگە ياتتۇر. 17مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك، «ماختىنىدىغانلار رەببىمىز بىلەن ماختانسۇن.» 18چۈنكى، ئۆز-ئۆزىنى ماختايدىغان ئەمەس، بەلكى رەببىمىزنىڭ ماختىشىغا مۇيەسسەر بولغان كىشى ھەقىقىي ماختاشقا ئەرزىيدۇ. 




11

پاۋلۇسنىڭ ئۆزىنى ساختا ئەلچىلەر بىلەن سېلىشتۇرۇشى

1ماختىنىشىم بىلەن بىرئاز ئەخمەقلىق قىلىپ قويساممۇ، ئېغىر ئالمىغايسىلەر! يەنىلا سەۋرچان بولغايسىلەر. 2مەن سىلەرنى ساختا ئەلچىلەردىن قىزغىنىمەن. بۇ، خۇداغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمدىن كەلگەن. مەن گويا بىر پاك قىزنى ياتلىق قىلغاندەك، سىلەرنى «يېگانە ئەر»گە _ ئەيسا مەسىھكە تەقدىم قىلدىم. 3بىراق، ھاۋائانىنىڭ ھىيلىگەر يىلان تەرىپىدىن ئازدۇرۇلغىنىدەك، سىلەرنىڭمۇ ساختا ئەلچىلەر تەرىپىدىن ئازدۇرۇلۇپ، ئەيسا مەسىھكە بولغان سەمىمىي ۋە پاك قەلبىڭلارنىڭ بۇلغىنىشىدىن ئەنسىرەيمەن. 4چۈنكى، سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بېرىپ، ئەيسا مەسىھ توغرىسىدا مەن يەتكۈزگەنگە ئوخشىمايدىغان باشقا بىر تەلىمنى يەتكۈزگەنلەرگە ئوچۇقتىن-ئوچۇق يول قويدۇڭلار. سىلەر قوبۇل قىلغان مۇقەددەس روھتىن باشقا بىر روھ ۋە سىلەر قوبۇل قىلغان خۇش خەۋەردىن باشقا بىر خوش خەۋەر توغرىسىدا ئېيتىلغانلارنىمۇ سىغدۇردۇڭلار. 5ھالبۇكى، مەن ئۆزۈمنى ھېچقانداق ئىشتا سىلەر دەرىجىدىن تاشقىرى دەپ قارىغان ئاشۇ ئەلچىلەردىن تۆۋەن دەپ قارىمايمەن! 6گەپ قىلىشتا ماھىر بولمىساممۇ، لېكىن بىلىمىم بار. قىلىۋاتقان ھەربىر خىزمىتىم بۇنى ھەر جەھەتتىن ئوچۇق ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.

7مېنىڭ سىلەرنى چوڭ كۆرۈپ، ئۆزۈمنى تۆۋەن تۇتۇپ، خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى سىلەرگە ھەق تەلەپ قىلماي يەتكۈزگىنىم گۇناھ بولدىمۇ؟*8مەن سىلەرگە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن، باشقا جامائەتچىلىكلەردىن ھەق ئېلىپ، ئۇلارغا «ئۇۋال» قىلدىم. 9سىلەر بىلەن بىللە بولغان ۋاقىتلىرىمدا، ئېھتىياجىم بولسىمۇ، ھېچقايسىڭلارغا ئېغىرىمنى سالمىدىم. چۈنكى، ماكېدونىيە ئۆلكىسىدىن كەلگەن قېرىنداشلار كەم-كۈتىمنى تولۇقلاپ بەردى. ھېچقانداق ئىشتا سىلەرگە يۈك بولماي كەلدىم، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يۈك بولمايمەن. 10قەلبىمدىكى ئەيسا مەسىھنىڭ ھەقىقىتى بىلەن ئېيتىمەنكى، مېنىڭ بۇ ماختىنىشىمنى پۈتۈن يۇناندا ھەرقانداق ئادەم توسۇپ قالالمايدۇ. 11نېمە ئۈچۈن سىلەردىن ھەق ئالمىدىم؟ سىلەرنى سۆيمەيدىغانلىقىمدىنمۇ؟ خۇداغا ئايانكى، سىلەرنى سۆيىمەن! 12ئاتالمىش ئەلچىلەرنىڭ «بىزنىڭ قىلىۋاتقىنىمىز بىلەن ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقىنىدا ھېچقانداق پەرق يوق» دەپ ماختىنىشىغا پۇرسەت تاپالماسلىقى ئۈچۈن، سىلەردىن ھەق ئالماي قىلىۋاتقان خالىس ئىشلىرىمنى داۋاملاشتۇرىمەن. 13چۈنكى، بۇنداقلار ساختا ئەلچىلەر، ھىيلىگەرلەر بولۇپ، ئۆزلىرىنى ئەيسا مەسىھنىڭ ئەلچىسى، دەپ پەردازلىۋالغانلاردۇر. 14ئەمەلىيەتتە، بۇ ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس، چۈنكى شەيتان ئۆزىنى يورۇقلۇق پەرىشتىسى، دەپ پەردازلىۋالغاندۇر. 15شۇڭا، ئۇنىڭ بۇ چاكارلىرىمۇ ئۆزلىرىنى ئادىللىقنىڭ خىزمەتكارلىرى دەپ پەردازلىۋالسا، ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە لايىق بولىدۇ.

پاۋلۇسنىڭ تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرى

16يەنە شۇنى ئېيتىمەنكى، ھېچقايسىڭلار مېنى ئەخمەق، دەپ قالماڭلار. ئەگەر ئەخمەق دەپ قارىساڭلار، بىر ئەخمەقنى قوبۇل قىلغانچىلىك بولسىمۇ مېنى قوبۇل قىلىڭلار. شۇنىڭ بىلەن، مەنمۇ بىرئاز ماختىنىۋالاي. 17بۇ سۆزلىرىم رەببىمىز مەندىن تەلەپ قىلغان سۆزلەر ئەمەس. مېنىڭ بۇنداق ماختىنىشىم پەقەتلا بىر ئەخمەقنىڭ يۈرەكلىك پو ئاتقانلىقىدۇر، خالاس. 18نۇرغۇن كىشىلەر بۇ دۇنيادىكى ئىشلىرى بىلەن ماختىنىپ كېتىدىكەن، مەنمۇ ماختىنىپ باقاي. 19چۈنكى، سىلەر ئۆزۈڭلارنى شۇنچە ئەقىللىق چاغلايسىلەريۇ، بۇ ساختا ئەلچىلەرنىڭ ئەخمىقانە تەلىملىرىگە يول قويۇۋېرىسىلەر! 20ئۇلارنىڭ سىلەرنى قۇل ئورنىدا كۆرۈشىگە، ھەققىڭلارنى يېيىشىگە، سىلەردىن نەپ ئېلىشىغا، سىلەرگە چوڭچىلىق قىلىشىغا ۋە سىلەرنىڭ يۈزۈڭلارنى چۈشۈرۈشىگە يول قويىسىلەر. 21بىزنىڭ سىلەرگە شۇنداق مۇئامىلە قىلىشقا ئاجىز كەلگەنلىكىمىزنى خىجىللىق ئىچىدە ئېتىراپ قىلىمەن. لېكىن، ئۇلاردىن بىرلىرى بىرەر ئىشتىن ماختىنىشقا جۈرئەت قىلغان يەردە (يەنە ئەخمەقلەرچە ئېيتاي)، مەنمۇ شۇ ئىشتىن ماختىنىشقا جۈرئەت قىلالايمەن. 22ئۇلار سېپى ئۆزىدىن ئىبرانىيمۇ؟ مەنمۇ شۇنداق. ئۇلار ئىسرائىللارمۇ؟ مەنمۇ ئىسرائىل. ئۇلار ئەجدادىمىز ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادىدىنمۇ؟ مەنمۇ ئۇنىڭ ئەۋلادىدىن. 23ئۇلار ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارلىرىمۇ؟ ئەقىلدىن ئازغانلاردەك ئېيتسام، مەن ئۇلاردىن تېخىمۇ يۇقىرى تۇرىدىغان بىر خىزمەتكارى. مەن تېخىمۇ جاپالىق ئىشلىدىم، زىنداندا تېخىمۇ كۆپ ياتتىم. كۈرمىڭ قېتىم قامچا يېدىم، قايتا-قايتا ئۆلۈم خەۋپلىرىگە دۇچ كەلدىم. 24يەھۇدىيلارنىڭ ئوتتۇز توققۇز قامچا جازاسىغا بەش قېتىم تارتىلدىم. 25ئۈچ قېتىم رىم ھۆكۈمرانلىرىدىن تاياق يېدىم، بىر قېتىم چالما-كېسەك قىلىندىم، ئۈچ قېتىم كېمە ھادىسىسىگە ئۇچرىدىم، بىر كېچە-كۈندۈزنى دېڭىزدا ئۆتكۈزدۈم. 26كۆپ قېتىم ئۇزۇن سەپەرلەردە بولۇپ، دەريالاردا ھەم قاراقچىلارنىڭ، ئۆز خەلقىمنىڭ، يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئارىسىدا خېيىم-خەتەرلەرگە يولۇقتۇم. شەھەرلەردە، چۆللەردە، دېڭىزلاردا ۋە ساختا قېرىنداشلارنىڭ ئارىسىدا خەۋپلىك كۈنلەرنى باشتىن كەچۈردۈم. 27خىزمىتىمنى تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئىشلىدىم. تالاي كېچىلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزدۈم، ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇقنىڭ دەردىنى تېتىدىم. يەيدىغانغا تاماق، كىيىدىغانغا كىيىم تاپالماي، ئاچ-يالىڭاچ قالدىم. 28بۇلاردىن باشقا، ھەر كۈنى دېگۈدەك پۈتۈن ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكلىرىنىڭ غېمىنى يېدىم. 29مەن قاچان ئاجىزلارغا ھېسداشلىق قىلمىدىم؟! شەيتاننىڭ تۇزىقىغا چۈشۈپ، ئېزىپ كەتكەنلەر ئۈچۈن ئىچىم قاچان ئۆرتەلمىدى؟! 30ئەگەر ماختىنىشىمغا توغرا كەلسە، ئۆز ئاجىزلىقىمنى كۆرسىتىدىغان ئىشلار بىلەن ماختىنىمەن. 31رەببىمىز ئەيسانىڭ ئاتىسى، مەڭگۈ مەدھىيىلەشكە ئەرزىيدىغان خۇداغا ئايانكى، يالغان ئېيتمىدىم. 32دەمەشق شەھىرىدە پادىشاھ ئارېتاسنىڭ قول ئاستىدىكى بىر ۋالىي مېنى تۇتۇش ئۈچۈن، پۈتۈن شەھەرنى قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئالغانىدى. 33لېكىن، مەن سېپىلدىكى بىر كاماردىن سېۋەت بىلەن پەسكە چۈشۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇم.



*7پاۋلۇس ئېتىقادچىلارغا ئۆز ئېغىرىنى سالماسلىق ئۈچۈن، ئۆز ھۈنىرىگە تايىنىپ، تۇرمۇشىنى قامدىغان. بىراق، بەزىلەر «پاۋلۇس ھەقىقىي ئەلچى بولغان بولسا، ئېتىقادچىلارنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىگە تايانغان بولاتتى» دەپ، ئۇنىڭ ئەلچىلىك ھوقۇقىنى ئىنكار قىلغانىدى.



 

12

پاۋلۇسقا كەلگەن ۋەھىي

1ماختىنىشنىڭ پايدىسى بولمىسىمۇ، ماختانمىسام بولمايدۇ. ئەمدى رەببىمىزدىن كەلگەن غايىبانە ئالامەتلەر ۋە ۋەھىيلەر ئۈستىدە توختىلاي. 2ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان بىر ئادەمنى* تونۇيمەن. ئۇ ئون تۆت يىل ئىلگىرى ئەرشىئەلاغا كۆتۈرۈلدى. ئۇ كۆتۈرۈلگەندە، تېنى كۆتۈرۈلدىمۇ ياكى روھى كۆتۈرۈلدىمۇ بىلمەيمەن، بۇنى خۇدا ئۆزى بىلىدۇ. 3ئىشقىلىپ، بۇ ئادەمنىڭ جەننەتكە كىرىپ چىققانلىقىنى بىلىمەن. تېنى كۆتۈرۈلدىمۇ ياكى روھى كۆتۈرۈلدىمۇ بىلمەيمەن، بۇنى خۇدا ئۆزى بىلىدۇ. 4ئۇ جەننەتتە تىل بىلەن ئىپادىلىگىلى بولمايدىغان، ئىنسانلارغا ئېيتىش مەنئى قىلىنغان ئاجايىپ ئىشلارنى ئاڭلىدى. 5شۇنداق بىر ئادەم بىلەن ماختىنىمەن، ئۆزۈم ھەققىدە بولسا ئاجىزلىقلىرىمنى ئېتىراپ قىلماقتىن باشقا بىرەر ئىش بىلەن ماختىنالمايمەن. 6ئەمەلىيەتتە، باشقا ئىشلاردىن ماختانغان بولساممۇ، ئەخمەق ھېسابلانمايتتىم؛ چۈنكى ئۇنداق قىلغىنىمدا ھەقىقەتنى سۆزلىگەن بولاتتىم. لېكىن، كىشىلەر مېنى كۆرگىنىدىن ياكى ئاڭلىغىنىدىن ئۈستۈن ئويلاپ قالمىسۇن دەپ، ماختىنىشتىن ئۆزۈمنى نېرى تۇتىمەن.

7خۇدادىن ماڭا كەلگەن ۋەھىيلەرنىڭ ئاجايىپ-غارايىپلىقى بىلەن كۆرەڭلەپ كەتمەسلىكىم ئۈچۈن، تېنىمگە تىكەن سانجىلغاندەك بىر ئازاب يېپىشىپ، خۇددى شەيتاننىڭ يالاقچىسىنىڭ قىيناشلىرىدەك مېنى قىينىدى. بۇ، مېنىڭ كۆرەڭلەپ كەتمەسلىكىم ئۈچۈن ئىدى. 8ئازابتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، رەببىمىزگە ئۈچ قېتىم يېلىنىپ دۇئا قىلدىم. 9لېكىن، ئۇ ماڭا: «مېھىر-شەپقىتىم ساڭا يېتەرلىك؛ مېنىڭ كۈچ-قۇدرىتىم ئاجىز چاغلىرىڭدا تولۇق ئىپادىلىنىدۇ» دېدى. شۇڭا، ھاياتىمدا ئەيسا مەسىھنىڭ قۇدرىتى ئىپادىلەنسۇن دەپ، ئاجىزلىقلىرىمدىن خۇرسەنلىك بىلەن ماختىنىمەن. 10ئەيسا مەسىھ ئۈچۈن ئاجىزلىقلارنى، ھاقارەتلەرنى، ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى، زىيانكەشلىكلەرنى ۋە قىيىنچىلىقلارنى خۇشاللىق دەپ بىلىمەن. چۈنكى، قاچان ئاجىز بولسام، شۇ چاغدا ئەيسا مەسىھنىڭ قۇدرىتىگە تولۇپ، كۈچلۈك بولىمەن.

پاۋلۇسنىڭ كورىنت جامائەتچىلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈشى

11ئەخمەققە ئوخشاپ قالدىم، مېنىڭ بۇنداق بولۇشۇمغا سىلەر سەۋەبچى. مەن ئەسلىدە سىلەرنىڭ ماختىشىڭلارغا ئېرىشىشىم كېرەك ئىدى. چۈنكى، ھەرقانچە بولساممۇ، سىلەر دەرىجىدىن تاشقىرى دەپ قارىغان ئاشۇ ئەلچىلەردىن ھەر تەرەپتىن قېلىشمايمەن. 12مەن ئاراڭلاردا بولغان چاغدا ئەلچىلىكىمنى ئىسپاتلايدىغان ئىشلارنى، يەنى مۆجىزە، كارامەت ۋە قۇدرەكلىك ئىشلارنى سەۋرچانلىق بىلەن قىلدىم. 13باشقا ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئارىسىدا قىلغان، بىراق سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا قىلمىغان بىردىنبىر «خاتالىقىم» سىلەرنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىڭلارنى ئالمىغانلىقىمدۇر. بۇ «ئادالەتسىزلىك»ىمنى ئەپۇ قىلغايسىلەر!

14ھازىر مەن يېنىڭلارغا ئۈچىنچى قېتىم بېرىشقا تەييارمەن. سىلەرگە ھېچقانداق ئېغىرىمنى سالغۇم يوق. چۈنكى، ماڭا كېرىكى سىلەرنىڭ بايلىقىڭلار ئەمەس، ئۆزۈڭلاردۇرسىلەر. پەرزەنتلەر ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلەر ئۈچۈن مال-مۈلۈك يىغىشى كېرەك. 15سىلەر ئۈچۈن، مەن بارلىقىمنى سەرپ قىلىشقا، ھەتتا جېنىمنى قۇربان قىلىشقىمۇ رازىمەن. ئەجەبا، مەن سىلەرنى قانچە كۆپ سۆيسەم، سىلەرنىڭ مۇھەببىتىڭلارغا شۇنچە ئاز ئېرىشەمدىمەن؟

16بولدىلا، قىسقىسى مەن سىلەرگە يۈك بولغان ئەمەسمەن. بىراق، بەزىلەر مېنى ھىيلىگەرلىك قىلىپ، يالغان سۆزلەپ، سىلەردىن نەپ ئۈندۈرۈۋالىدۇ، دېيىشىپ يۈرىدۇ. 17ئەجەبا، مەن سىلەرگە ئەۋەتكەن ئادەملەرنىڭ بىرەرسى ئارقىلىق سىلەردىن نەپ ئالدىممۇ؟ 18تىتۇسنى سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بېرىشقا ئۈندىدىم ۋە يەنە بىر قېرىنداشنىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئەۋەتتىم. تىتۇسنىڭ سىلەردىن نەپ ئېلىپ باققان يېرى بارمۇ؟ ئۇ مەن بىلەن بىر نىيەتتە، بىر يولدا خىزمەت قىلىۋاتىدىغۇ!

19ياكى سىلەر بىزنى «ئالدىمىزدا ئەزەلدىن بېرى ئۆزىنى ئاقلاپ كېلىۋاتىدۇ» دەپ ئويلاۋاتامسىلەر؟ بىز ئۇنداق قىلمىدۇق. بىز پەقەت ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان كىشىلەر سۈپىتىدە خۇدا ئالدىدا سۆزلەۋاتىمىز. سۆيۈملۈك قېرىنداشلار، بىز قىلىۋاتقان ھەممە ئىش سىلەرنىڭ ئېتىقادتا يېتىشىشىڭلار ئۈچۈندۇر. 20يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، سىلەرنىڭ كۈتكەن يېرىمدىن چىقماي قېلىشىڭلاردىن، شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ سىلەرگە بولغان مۇئامىلەمنىڭمۇ سىلەرنىڭ كۈتكەن يېرىڭلاردىن چىقماي قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن. سىلەردە جېدەلخورلۇق، ھەسەتخورلۇق، غەزەپلىنىش، شەخسىيەتچىلىك، تۆھمەتخورلۇق، غەيۋەتخورلۇق، تەكەببۇرلۇق ۋە پاراكەندىچىلىكلەرنىڭ بولۇشىدىن ئەنسىرەيمەن. 21بۇ قېتىم سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، ئاراڭلاردىكى ناپاك، ئەخلاقسىز ۋە شەھۋانىي ئىشلارنى قىلغان، تاكى بۈگۈنگە قەدەر توۋا قىلمىغان نۇرغۇن گۇناھكارلار سەۋەبلىك خۇدانىڭ مېنى ئالدىڭلاردا خىجالەت قىلىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەيمەن. ئۇلارنىڭ خاتا يولدىن قايتمىغانلىقى ئۈچۈن، ماتەم تۇتماي تۇرالمايمەن.



*2بۇ ئادەم دەل پاۋلۇسنىڭ ئۆزى بولۇپ، ئۇ خۇدا ئۇنىڭغا بەرگەن ۋەھىي ۋە غايىبانە ئالامەتلەر بىلەن ماختىنىشنى قىلچە خالىمىغان. ئەكسىچە، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇشقا تىرىشىپ، 3-شەخس تىلىدا سۆزلىگەن.



 

13

ئاخىرقى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە سالاملار

1بۇ يېنىڭلارغا ئۈچىنچى قېتىم بېرىشىم بولىدۇ. ئەگەر ئاراڭلاردىكى بىرەرسىنى جازالاش توغرا كەلسە، مۇقەددەس يازمىلاردىكى: «ھەرقانداق ئەرزنىڭ راست-يالغانلىقى ئاز دېگەندە ئىككى ياكى ئۈچ گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن ئىسپاتلىنىشى كېرەك» دېگەن ئايەت بويىچە قىلىمەن. 2يېنىڭلارغا ئىككىنچى قېتىم بارغىنىمدا، بۇرۇن گۇناھ سادىر قىلغانلارنى ئاگاھلاندۇرغانىدىم. ھازىر يېنىڭلاردا بولمىساممۇ، يەنە ئاگاھلاندۇرماقچىمەنكى، ئەمدى بارغىنىمدا، بارلىق گۇناھ سادىر قىلغۇچىلارغا كەڭچىلىك قىلمايمەن. 3كەڭچىلىك قىلماسلىقىمدىكى سەۋەب، ئاراڭلاردىكى بەزىلەر ئەيسا مەسىھنىڭ مەن ئارقىلىق سۆزلەۋاتقانلىقىغا ئىسپات تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئىسپاتىنى بۇ قېتىم يېنىڭلارغا بېرىپ گۇناھكارلارنى بىر تەرەپ قىلغىنىمدا كۆرىسىلەر. چۈنكى، ئەيسا مەسىھ ئالدىڭلاردا ئاجىز ئەمەس، بەلكى ئىنتايىن قۇدرەتلىكتۇر. 4ئۇ قارىماققا ئاجىزلىق ئىچىدە كرېستكە مىخلانغان بولسىمۇ، لېكىن خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن يەنىلا ھاياتتۇر. بىزمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش قارىماققا ئاجىز بولساقمۇ، خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن ئۇنىڭغا باغلىنىپ ياشاپ، سىلەرگە خىزمەت قىلماقتىمىز.

5ئېتىقادىڭلارنىڭ ھەقىقىي ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىش ئۈچۈن ئۆز-ئۆزۈڭلارنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭلار، سىناپ بېقىڭلار. ئەيسا مەسىھنىڭ ئاراڭلاردا ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭلار كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا، بۇ سىلەرنىڭ سىناقتىن ئۆتەلمىگىنىڭلار بولمامدۇ؟! 6مېنىڭ ئەلچىلىك سىنىقىدىن ئۆتكەنلىكىمنى بىلىپ قېلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. 7سىلەرنىڭ ھېچقانداق يامان ئىش قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈن خۇداغا دۇئا قىلىمەن. بۇ، مېنىڭ ئەلچىلىك سىنىقىدىن ئۆتتى دەپ قارىلىشىم ئۈچۈن ئەمەس. ھەتتا سىناقتىن ئۆتمىدى، دەپ قارالساممۇ، مەيلى. مۇھىمى سىلەرنىڭ توغرا ئىش قىلىشىڭلاردۇر. 8بىز ھەقىقەتكە زىت ئىشلارنى قىلماستىن، ھەقىقەت بويىچە ئىش قىلىشىمىز كېرەك.

9ئېتىقادىڭلار كۈچىيىپ، سىلەرنى ئەيىبلەشكە «ئاجىز» كۆرۈنسەم، خۇشال بولاتتىم. بىز شۇنداق دۇئا قىلىمىزكى، سىلەر ھەممە ئىشتا تولۇق يېتىلگەيسىلەر. 10رەببىمىز ماڭا سىلەرنى بەربات قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن بەرگەن ھوقۇق بىلەن يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، سىلەرگە قاتتىق مۇئامىلىدە بولۇپ قالماسلىقىم ئۈچۈن، يېنىڭلارغا بېرىشتىن بۇرۇن بۇ خەتنى يازدىم.

11ئەڭ ئاخىردا، قېرىنداشلار، خۇشال-خۇرام بولۇڭلار، ئېتىقادتا يېتىلگەن ئادەم بولۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىڭلار. نەسىھەتلىرىمنى قوبۇل قىلىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئىناق ئۆتۈڭلار. مېھىر-مۇھەببەت ۋە ئامانلىق مەنبەسى بولغان خۇدا سىلەر بىلەن بىللە بولغاي!

12بىر-بىرىڭلار بىلەن مېھرىبانلارچە سالاملىشىڭلار.

13-14خۇدانىڭ بارلىق مۇقەددەس خەلقىدىن سىلەرگە سالام.

رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى، خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ۋە مۇقەددەس روھنىڭ ھەمراھلىقى سىلەرگە يار بولغاي!