«كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت»

(قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)

ئەلچى پاۋلۇس بۇ خەتنى كورىنتتىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى بىلەن كەسكىن مۇناسىۋەتتە بولغان، يەنى كورىنتتىكى بەزى ئېتىقادچىلار پاۋلۇسقا ھەر تەرەپتىن ھۇجۇم قىلغان چاغدا يازغان. پاۋلۇسنىڭ ئۇلارنىڭ جامائەتچىلىكىگە بېرىش پىلانىنى ئۆزگەرتكەنلىكىدىن، بەزى ئېتىقادچىلار ئۇنىڭدىن ئاغرىنىپ، ئۇنى تۇراقسىز، ئىشەنچلىك ئەمەس دېسە، ئاز بىر قىسىم ئېتىقادچىلار ئۇنى ئەلچى ئەمەس، دەپ ھاقارەتلىگەن، ھەتتا ئۇنىڭغا ئىئانە توپلىغان پۇلغا خىيانەت قىلغان، دېگەن تۆھمەتنى چاپلىغان.

شۇڭا، پاۋلۇس ئۇشبۇ خەتنىڭ ئالدىنقى بابلىرىدا ئۆزىنىڭ كورىنتتىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەھلىل قىلىپ، ئۆزىنىڭ نېمىشقا ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدە ئۆزىگە قارشى تۇرغان ئادەملەرگە قاتتىق مۇئامىلە قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن ۋە بۇ خىل قاتتىق پوزىتسىيىدە بولۇشنىڭ ئۇلارغا پۇشايمان ۋە يارىشىش ئېلىپ كەلگەنلىكىدىن خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كېيىنكى بابلىرىدا، پاۋلۇس بۇ جامائەتچىلىكنىڭ يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى كەمبەغەل ئېتىقادچىلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن باشلىغان ئىئانە توپلاش ئىشىنىڭ ئاخىرىنى چىقىرىشىنى سورىغان ھەمدە ئۆزىنىڭ ئەلچىلىك ھوقۇقىنى ياقلىغان.

تېزىس:

1. دۇئايىسالام (1-باب 1-ئايەتتىن 11-ئايەتكىچە)

2. پاۋلۇس ۋە كورىنتتىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى (1-باب 12-ئايەتتىن 7-بابنىڭ ئاخىرىغىچە)

3. يەھۇدىيىدىكى ئېتىقادچىلار ئۈچۈن ئىئانە توپلاش (8-، 9-بابلار)

4. پاۋلۇسنىڭ ئۆزىنىڭ ئەلچىلىك ھوقۇقىنى ياقلىشى (10-بابتىن 13-باب 10-ئايەتكىچە)

5. ئاخىرقى تىلەكلەر (13-باب 11-ئايەتتىن 13-ئايەتكىچە)