« گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت »




1

1ئىنسانلار تەرىپىدىن ئەمەس، ياكى خۇدانىڭ ئىنسانلارنى ۋاسىتە قىلىشى ئارقىلىقمۇ ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھ ۋە ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن خۇدائاتىمىز تەرىپىدىن ئەلچى بولۇشقا تاللانغان مەنكى پاۋلۇستىن 2ۋە مەن بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان بارلىق قېرىنداشلاردىن گالاتىيا ئۆلكىسىدىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكلىرىگە سالام.

3خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھ سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي! 4ئەيسا مەسىھ خۇدائاتىمىزنىڭ ئىرادىسى بويىچە گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلىپ، بىزنى بۇ رەزىل دۇنيادىن قۇتقۇزدى. 5بارلىق شان-شەرەپ خۇداغا ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!

دۇنيادا بىرلا خۇش خەۋەر بار

6ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق سىلەرگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، سىلەرنى ئۆزىگە چاقىرغان خۇدادىن شۇنچە تېز ۋاز كېچىپ، باشقىچە بىر خىل خۇش خەۋەرگە ئەگىشىپ كېتىۋاتقانلىقىڭلارغا ھەيرانمەن. 7ئەمەلىيەتتە، ئەگەشكىنىڭلار ھەقىقىي خۇش خەۋەر ئەمەس، بەلكى بەزى ئادەملەرنىڭ سىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ ئېيتقانلىرىدۇر. ئۇلار ئەيسا مەسىھ ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى بۇرمىلىماقچى. 8لېكىن، مەيلى ئارىمىزدىكى بىرەيلەن بولسۇن ياكى ئەرشتىن چۈشكەن پەرىشتە بولسۇن، بىز سىلەرگە يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرگە ئوخشىمايدىغان باشقا بىر «خۇش خەۋەر»نى يەتكۈزسە، ئۇنىڭغا لەنەت ياغسۇن. 9بۇرۇن ئېيتقانلىرىمىزنى يەنە تەكرارلايمىزكى، كىمدەكىم سىلەرگە قوبۇل قىلغىنىڭلارغا ئوخشىمايدىغان باشقىچە بىر خىل خۇش خەۋەرنى يەتكۈزسە، ئۇنىڭغا لەنەت ياغسۇن!

10مېنىڭ بۇنداق دېيىشىم ئىنسانلارنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈنمۇ؟ ياق، مېنىڭ بۇنداق دېيىشىم خۇدانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈندۇر. ئەگەر مەن ئىنسانلارنى خۇرسەن قىلىشنى ئىستىگەن بولسام، ئەيسا مەسىھنىڭ سادىق خىزمەتكارى بولمىغان بولاتتىم.

پاۋلۇسنىڭ ئەلچى بولۇشقا چاقىرىلىشى

11قېرىنداشلىرىم، مەن يەتكۈزگەن بۇ خۇش خەۋەرنىڭ كىشىلەر تەرىپىدىن توقۇپ چىقىرىلمىغانلىقىنى بىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. 12مەن بۇ خۇش خەۋەرنى ئىنساندىن قوبۇل قىلغىنىم ياكى بىرەر كىشىدىن ئۆگەنگىنىم يوق. بەلكى، ئەيسا مەسىھ بۇ خۇش خەۋەرنى ماڭا ۋەھىي ئارقىلىق يەتكۈزگەن.

13سىلەر مېنىڭ ئىلگىرى يەھۇدىي دىنىغا ئېتىقاد قىلغان ۋاقتىمدا قانداق ھايات كەچۈرگەنلىكىمنى ئاڭلىغانىدىڭلار. مەن ئۇ چاغدا خۇداغا مەنسۇپ بولغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە ئەشەددىي زىيانكەشلىك قىلغان ۋە ئۇلارنى يوقىتىۋېتىشكە تىرىشقانىدىم 14ھەمدە يەھۇدىي دىنى يولىدا نۇرغۇن تەڭتۇشلىرىمدىن خېلىلا ئالدىدا تۇراتتىم. ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەنئەنىلىرىنى قوغداشتا پۈتۈن ۋۇجۇدۇم ۋە قىزغىنلىقىم بىلەن ئىشلەيتتىم. 15لېكىن، خۇدا مېنى ئانامنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىمدىلا تاللىدى ۋە ئۆزىنىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن چاقىردى. 16ئۇ مېنىڭ ئۆز ئوغلى ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە يەتكۈزۈشۈم ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھنى ماڭا ئاشكارىلاشنى خالىدى. خۇدا ئۇنى ماڭا ئاشكارىلىغان چاغدا، مەن بۇ ئىش توغرۇلۇق ھېچقانداق كىشىگە مەسلىھەت سالمىدىم 17ھەمدە يېرۇسالېمدىكى مەندىن ئىلگىرى ئەلچى بولغانلارنىڭ يېنىغىمۇ بارماي، ئۇدۇل ئەرەبىستانغا ئاتلاندىم، كېيىن دەمەشق شەھىرىگە قايتىپ كەلدىم.

18ئۈچ يىلدىن كېيىن، ئەلچى پېترۇس بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا باردىم ۋە ئۇنىڭ يېنىدا ئون بەش كۈن تۇردۇم. 19بۇ جەرياندا، ئەلچىلەردىن پەقەت پېترۇس ۋە رەببىمىز ئەيسانىڭ ئىنىسى ياقۇپ بىلەن كۆرۈشتۈم. ئەلچىلەردىن باشقا بىرەرسىنى كۆرمىدىم. 20خۇدا گۇۋاھ بولسۇنكى، سىلەرگە يېزىۋاتقانلىرىم يالغان ئەمەس. 21كېيىن، سۇرىيە ۋە كىلىكىيە ئۆلكىلىرىگە باردىم. 22ئۇ چاغدا يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكلىرى شەخسەن مېنى تونۇمايتتى. 23ئۇلار پەقەت باشقىلارنىڭ: «بۇرۇن بىزگە زىيانكەشلىك قىلغان ئادەم ئەمدى بولسا ئۆزى يوقىتىۋەتمەكچى بولغان ئېتىقادنى تارقىتىۋاتىدۇ» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدى. 24شۇڭا، ئۇلار مەندە بولغان بۇ ئۆزگىرىشلەر سەۋەبىدىن خۇدانى تېخىمۇ ئۇلۇغلىدى. 




2

باشقا ئەلچىلەرنىڭ پاۋلۇسنى قارشى ئېلىشى

1ئون تۆت يىلدىن كېيىن، مەن بارنابا بىلەن بىللە يەنە يېرۇسالېمغا باردىم. تىتۇسنىمۇ بىللە ئېلىۋالدىم. 2مەن ئۇ يەرگە خۇدادىن كەلگەن ۋەھىيگە بىنائەن بارغانىدىم. ئۇ يەردە مەن ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ يېتەكچىلىرى بىلەن ئايرىم سۆزلىشىپ، ئۆزۈم يەھۇدىي ئەمەسلەر ئارىسىدا تارقىتىپ كېلىۋاتقان خۇش خەۋەرنىڭ مەزمۇنىنىڭ ئۇلارنىڭكىگە ئوخشاش ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردۈم. بۇنداق قىلىشىم بۇرۇنقى ياكى كەلگۈسىدىكى خىزمەتلىرىمنىڭ بىكار بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئىدى. 3نەتىجىدە، ئۇلار ئېيتقانلىرىمدىن رازى بولدى. ھەتتا مەن بىلەن بىللە بارغان تىتۇس يەھۇدىي بولمىسىمۇ، ئۇلار ئۇنى خەتنە قىلدۇرۇشقا مەجبۇرلىمىدى. 4بىراق، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغۇچىلار قىياپىتىگە كىرىۋالغان بەزىلەر ئۇنىڭ خەتنە قىلدۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇلار ئارىمىزغا سۇقۇنۇپ كىرىۋېلىپ، ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئېرىشكەن ئەركىنلىكىمىزنى نازارەت قىلدى. ئۇلارنىڭ مەقسىتى بىزنى ئۆزلىرىنىڭ دىنىي قائىدە-يوسۇنلىرىغا قۇل قىلىشتۇر. 5لېكىن، خۇش خەۋەر ھەقىقىتىنىڭ ئاراڭلاردا ساقلىنىشى ئۈچۈن، بىز ئۇلارغا قىلچىمۇ يول قويمىدۇق.

6ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدە مۇھىم دەپ قارالغانلار (ئۇلارنىڭ مەرتىۋىسىنىڭ قانداق بولۇشى ماڭا مۇھىم ئەمەس، چۈنكى خۇدا ھەممە ئادەمگە تەڭ قارايدۇ) مەن يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرگە يەنە مەزمۇن قوشۇش كېرەك، دېمىدى. 7دەل ئەكسىچە، ئۇلار خۇدانىڭ پېترۇسقا يەھۇدىيلارغا خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرغىنىدەك، ماڭىمۇ يەھۇدىي ئەمەسلەرگە بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشنى تاپشۇرغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. 8پېترۇسنىڭ يەھۇدىيلارغا ئەلچى بولۇشىغا كۈچ-قۇدرەت ئاتا قىلغان خۇدا مېنىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەرگە ئەلچى بولۇشۇمغىمۇ كۈچ-قۇدرەت ئاتا قىلدى. 9جامائەتچىلىكنىڭ تۈۋرۈكى ھېسابلانغان ياقۇپ، پېترۇس ۋە يۇھاننالار بۇ ۋەزىپىنىڭ خۇدانىڭ ماڭا قىلغان ئىلتىپاتى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكىنىدە، ئۇلار مېنى ۋە بارنابانى قوبۇل قىلىپ، ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭ بىلەن، يەھۇدىي ئەمەسلەر ئارىسىدا بىز خىزمەت قىلىدىغان، يەھۇدىيلار ئارىسىدا بولسا ئۇلار خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ كېلىشتۇق. 10ئۇلار پەقەت بىزدىن ئۆزلىرىنىڭ ئارىسىدىكى كەمبەغەل ئېتىقادچىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى ئېسىمىزدىن چىقارماسلىقىمىزنى تەلەپ قىلدى. مەنمۇ ئەسلىدە دەل شۇنداق قىلىشقا تىرىشىپ كېلىۋاتاتتىم.

پاۋلۇسنىڭ ئانتاكيادا پېترۇسنى ئەيىبلىشى

11بىراق، كېيىن پېترۇس ئانتاكيا شەھىرىگە كەلگەندە، ئۇنىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقى تۈپەيلىدىن مەن ئۇنى يۈزتۇرانە ئەيىبلىدىم. 12ياقۇپنىڭ قېشىدىن بەزى ئادەملەر كېلىشتىن بۇرۇن، پېترۇس يەھۇدىي ئەمەس ئېتىقادچىلار بىلەن دائىم ھەمداستىخان بولۇپ تۇراتتى. لېكىن، بۇ ئادەملەر كەلگەندىن كېيىن، پېترۇس يەھۇدىي ئەمەسلەردىن ئۆزىنى تارتىپ، ئۇلار بىلەن ھەمداستىخان بولمايدىغان بولدى. چۈنكى، ئۇ يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ خەتنە قىلىنىشى كېرەك، دەپ ئويلايدىغان بۇ يەھۇدىي قېرىنداشلارنىڭ ئەيىبلىشىدىن قورققانىدى. 13شۇنىڭ بىلەن، باشقا يەھۇدىي ئېتىقادچىلارمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش ساختىپەزلىك قىلىشتى. ھەتتا بارنابامۇ تەسىرگە ئۇچراپ، ئۇلارنىڭ ساختىپەزلىكىگە شېرىك بولدى. 14مەن ئۇلارنىڭ خۇش خەۋەرنىڭ ھەقىقىتى بويىچە ئىش قىلمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ھەممەيلەننىڭ ئالدىدىلا پېترۇسقا: «سەن يەھۇدىي بولساڭمۇ، بىراق ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلغاندىن بېرى يەھۇدىيلارنىڭ ئادەتلىرى بويىچە ياشىماي، بەلكى يەھۇدىي ئەمەسلەردەك ياشاپ كەلدىڭ. شۇنداق تۇرۇقلۇق، يەنە نېمىشقا يەھۇدىي ئەمەس ئېتىقادچىلاردىن يەھۇدىيلارنىڭ ئادەتلىرى بويىچە ياشاشنى تەلەپ قىلىسەن؟» دېدىم.

15بىز ئىككىمىز تۇغۇلۇشىمىزدىنلا يەھۇدىيمىز، گۇناھكار دەپ قارالغان يەھۇدىي ئەمەسلەردىن ئەمەسمىز. 16لېكىن، بىز ئىنسانلارنىڭ تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىدىغانلىقىنى بىلىمىز. شۇ سەۋەبتىن، بىز يەھۇدىيلارمۇ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلدۇق. ھېچكىم تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنالمايدۇ. 17بىز ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭمۇ يەھۇدىي ئەمەسلەرگە ئوخشاشلا گۇناھكار ئىكەنلىكىمىزنى تونۇپ يەتتۇق. ئۇنداقتا، ئەيسا مەسىھ بىزنى گۇناھ يولىغا باشلىدى، دېسەك بولامدۇ؟ ياق، ھەرگىز بۇنداق دېگىلى بولمايدۇ! 18مېنى قۇتقۇزۇلۇشقا ئېرىشتۈرەلمەيدىغان تەۋرات قانۇنىدىن ئۈمىدىمنى ئۈزگەن تۇرۇقلۇق كېيىن ئۇنىڭغا قايتا ئېسىلىۋالسام، ئۇ چاغدا مەن ئۆزۈمنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىمنى ئىسپاتلىغان بولمامدىمەن؟! 19مەن تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلالمىغانلىقىمدىن قانۇنغا نىسبەتەن ئۆلگەن دەپ ھېسابلاندىم. بۇنىڭدىن مەقسەت، خۇدا ئۈچۈن ياشاشتۇر. مەن ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە كرېستكە مىخلاندىم. 20ھازىر مېنىڭ تېنىمدە ياشاۋاتقان مەن ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھتۇر. مېنى سۆيگەن ۋە مەن ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلغان خۇدانىڭ ئوغلىغا بولغان ئېتىقادىم بىلەن ياشايمەن. 21مەن خۇدانىڭ ئىنسانلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن مېھىر-شەپقىتىنى ئەھمىيەتسىز، دەپ قارايدىغانلاردىن ئەمەسمەن. ئەگەر بىر ئادەم تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنالايدىغان بولسا، ئۇ چاغدا ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستكە مىخلىنىشى ئەھمىيەتسىز بولۇپ قالاتتى. 




3

تەۋرات قانۇنى ۋە ئېتىقاد

1ئەي نادان گالاتىيالىقلار! سىلەر قانداقلارچە ئېزىقتۇرۇلۇپ، باشقىلارنىڭ دامىغا چۈشۈپ كەتتىڭلار؟ ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستكە مىخلانغانلىقى خۇددى كۆز ئالدىڭلاردا يۈز بەرگەندەك ئېنىق يەتكۈزۈلگەنغۇ! 2سىلەردىن شۇنىلا سورىماقچىمەنكى، مۇقەددەس روھ سىلەرگە تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئاتا قىلىندىمۇ؟ ياق، سىلەر خۇش خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن، مۇقەددەس روھ سىلەرگە ئاتا قىلىنغان. 3سىلەر شۇنچە نادانمۇ؟ مۇقەددەس روھ ھاياتىڭلاردا باشلىغان ئىشنى سىلەر ئۆز كۈچ-قۇدرىتىڭلارغا تايىنىپ تاماملىماقچى بولۇۋاتامسىلەر؟ 4ئۇنداقتا، سىلەرنىڭ خۇش خەۋەر يولىدا تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىڭلارنىڭ ھەممىسى بىكار كېتەرمۇ؟ 5خۇدانىڭ سىلەرگە مۇقەددەس روھنى ئاتا قىلىشى ۋە ئاراڭلاردا مۆجىزىلەر يارىتىشى سىلەرنىڭ تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلغانلىقىڭلاردىن ئەمەس، بەلكى سىلەرنىڭ خۇش خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانلىقىڭلاردىندۇر.

6مۇقەددەس يازمىلاردا: «ئىبراھىم خۇدانىڭ سۆزلىرىگە ئىشەندى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭ ئېتىقادىنى كۆرۈپ، ئۇنى ھەققانىي ئادەم، دەپ ھېسابلىدى» دېيىلگەن. 7شۇنىڭ ئۈچۈن، شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، پەقەت خۇداغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارلا ئىبراھىمنىڭ ھەقىقىي ئەۋلادلىرىدۇر. 8مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدانىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئۆزىگە ئېتىقاد قىلىشى سەۋەبىدىن ئۇلارنى ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلايدىغانلىقى ئالدىن دېيىلگەن. خۇدا ئىبراھىمغا: «ھەممە مىللەتلەرگە سەن ئارقىلىق بەخت ئاتا قىلىمەن» دەپ، بۇ خۇش خەۋەر توغرۇلۇق ئالدىن ئېيتقان. 9شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانلار خۇداغا ئېتىقاد قىلغان ئىبراھىمغا ئوخشاش بەخت تاپىدۇ.

10تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش بىلەن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىمەن، دەيدىغانلارنىڭ ھەممىسى لەنەتكە قالىدۇ. مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغان: «تەۋرات قانۇنىدا يېزىلغان ھەممە ئەمرلەرگە تولۇق ئەمەل قىلمىغان كىشى لەنەتكە قالىدۇ.» 11روشەنكى، ھېچكىم خۇدانىڭ ئالدىدا قانۇنغا ئەمەل قىلىش بىلەن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنالمايدۇ. مۇقەددەس يازمىلاردا: «ئادەم ئېتىقاد بىلەن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىپ، ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ» دەپ يېزىلغان. 12بۇ ئېتىقاد يولى تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش يولى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش يولى خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا: «تەۋرات قانۇنىنىڭ ئەمرلىرىگە تولۇق ئەمەل قىلغانلار شۇ قانۇنغا تايىنىپ ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ.» دەپ يېزىلغىنىغا ئوخشاشتۇر. 13ھالبۇكى، ئەيسا مەسىھ بىزنى تەۋرات قانۇنىغا تولۇق ئەمەل قىلالمىغانلىقىمىزدىن پەيدا بولغان لەنەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ قېلىپ، ئۇ لەنەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. بۇ ھەقتە مۇقەددەس يازمىلاردا: «ياغاچقا ئېسىلغان كىشى لەنەتكە قالغان كىشىدۇر» دەپ يېزىلغان. 14ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستكە مىخلىنىپ قۇربان بولۇشى ئارقىلىق يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ ئىبراھىمغا ۋەدە قىلىنغان بەختتىن تەڭ بەھرىمەن بولالايدۇ. شۇنداقلا، ئۇلار بىز بىلەن بىللە خۇدا ۋەدە قىلغان مۇقەددەس روھنى ئېتىقاد بىلەن قوبۇل قىلالايدۇ.

تەۋرات قانۇنى ۋە خۇدانىڭ ۋەدىسى

15-16قېرىنداشلار، كۈندىلىك تۇرمۇشتىن بىر مىسال كۆرسىتەي. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ئەھدىنامىنى ھېچكىم يوققا چىقىرىۋېتەلمەيدۇ ياكى ئۇنىڭغا بىرەر نەرسىمۇ قوشالمايدۇ. شۇنىڭدەك، خۇدا ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادى بىلەن تۈزگەن ئەھدىنىمۇ ھېچكىم ئۆزگەرتەلمەيدۇ. خۇدانىڭ ئىبراھىمغا بەرگەن بۇ ۋەدىسىدىكى «سېنىڭ ئەۋلادىڭغا» دېگەن سۆز نۇرغۇن كىشىنى ئەمەس، يالغۇز بىرسىنى، يەنى ئەيسا مەسىھنى كۆرسىتىدۇ. 17شۇنى دېمەكچىمەنكى، خۇدانىڭ ئىبراھىم بىلەن ئالدىن تۈزگەن بۇ ئەھدىسىنى تۆت يۈز ئوتتۇز يىلدىن كېيىن چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرالمايدۇ. دېمەك، تەۋرات قانۇنى خۇدانىڭ بۇ ۋەدىسىنى بىكار قىلالمايدۇ. 18چۈنكى، خۇدا ۋەدە قىلغان مىراسقا قانۇنغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىقلا ئېرىشكىلى بولسا، ئۇنداقتا بۇ مىراس خۇدانىڭ ۋەدىسىدىن كەلمىگەن بولاتتى. بىراق، خۇدا بۇ مىراسنى ئۆز ۋەدىسىگە بىنائەن ئىبراھىمغا ئاتا قىلغان. 19ئۇنداقتا، تەۋرات قانۇنىنى چۈشۈرۈشتىكى مەقسەت نېمە؟ ئۇ بولسىمۇ خۇدا ئەۋەتىشكە ۋەدە قىلغان ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى، يەنى ئەيسا مەسىھ كەلگۈچە گۇناھنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىشتۇر. تەۋرات قانۇنى پەرىشتىلەر ئارقىلىق مۇسا پەيغەمبەرگە، مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن كىشىلەرگە چۈشۈرۈلگەن. 20ئىككى ئادەم كېلىشىم تۈزگەندە، بىر ۋاسىتىچى بولۇش كېرەك. لېكىن، خۇدا ئۆز ئەھدىسىنى ئىبراھىمغا بەرگەندە، ئۇنى ۋاسىتىچىسىز بەرگەن.

21ئۇنداقتا، تەۋرات قانۇنى خۇدانىڭ ۋەدىسىگە زىتمۇ؟ ياق، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! ئەگەر بۇ قانۇن ئىنسانلارنى ھاياتلىققا ئېرىشتۈرەلەيدىغان بولسا، ئۇ چاغدا ئىنسانلار قانۇنغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم بولالايتتى. 22ھالبۇكى، مۇقەددەس يازمىلار پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ گۇناھنىڭ ئىلكىدە ياشايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. بۇنىڭدىكى مەقسەت، ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقاد ئارقىلىق ئېرىشىلىدىغان بۇ ۋەدىنىڭ ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلارغا بېرىلىشىدۇر.

23بۇ ئېتىقاد يولى ئاشكارا بولغۇچە، قانۇن بىزنى قوغداش يۈزىسىدىن قاماپ قويغانىدى. 24باشقىچە ئېيتقاندا، تەۋرات قانۇنى «تەربىيىلىگۈچىمىز» بولۇپ، بىزنى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشقا يېتەكلىدى. بۇنىڭدىكى مەقسەت، بىزنىڭ ئېتىقاد ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىشىمىزدۇر. 25ئەمدى بىز بۇنداق «تەربىيىلىگۈچى»نىڭ نازارىتىدە ئەمەسمىز. چۈنكى، بۇ ئېتىقاد يولى ئاشكارا بولدى.

خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى

26ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق ھەممىڭلار خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى بولدۇڭلار. 27چۈنكى، سىلەر چۆمۈلدۈرۈلۈشنى قوبۇل قىلىپ ئەيسا مەسىھكە باغلانغىنىڭلاردا، ئۇنىڭ تەبىئىتىنى ئۆزۈڭلارغا ئۆزلەشتۈردۈڭلار. 28مەيلى يەھۇدىي ياكى يەھۇدىي ئەمەس بولسۇن، قۇل ياكى ھۆر بولسۇن، ئەر ياكى ئايال بولسۇن، ھەممىڭلار ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، خۇدانىڭ نەزىرىدە باراۋەر بولدۇڭلار. 29دېمەك، ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانىكەنسىلەر، سىلەرمۇ ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى بولىسىلەر ۋە ئىبراھىمغا ۋەدە قىلىنغان بەخت-سائادەتكە ئېرىشىسىلەر. 




4

1-2يەنە ئېيتماقچى بولغىنىم: گەرچە بىر بالا پۈتۈن مۈلۈكنىڭ ئىگىسى بولسىمۇ، ئۇ تاكى ئاتىسى بەلگىلىگەن مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش يېشىغا توشمىغۇچە، ئۇ بالىنىڭ ئۆينىڭ قۇلىدىن پەرقى بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇ يەنىلا خوجىدار ۋە بالىغا قارىغۇچىلارنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدۇ. 3شۇنىڭغا ئوخشاش، بىزمۇ گۆدەك ۋاقتىمىزدا، يەنى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشتىن بۇرۇن، بۇ دۇنيادىكى يامان روھىي كۈچلەرگە* قۇل بولغانىدۇق. 4لېكىن، خۇدا ئۆزى بەلگىلىگەن ۋاقىت يېتىپ كەلگەندە، ئۆز ئوغلىنى بۇ دۇنياغا ئەۋەتتى. ئۇ بىر ئايالدىن تۇغۇلغان بولۇپ، تەۋرات قانۇنىغا بويسۇنۇپ ياشىدى. 5بۇنىڭدىكى مەقسەت، خۇدا تەۋرات قانۇنىغا قۇل بولغان بىزلەرنى بەدەل تۆلەپ ھۆرلۈككە چىقىرىپ، بىزنى ئۆزىنىڭ پەرزەنتى قىلىشتۇر. 6سىلەر خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، خۇدا ئۆز ئوغلىنىڭ روھىنى قەلبىڭلارغا سالدى. بۇ روھ سىلەرنى خۇدانى «ئى سۆيۈملۈك ئاتا» دەپ چاقىرتىدۇ. 7شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەمدى سىلەر قۇل ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىسىلەر. خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى بولغانىكەنسىلەر، خۇدانىڭ ۋەدە قىلغانلىرىغا مىراسخور بولىسىلەر.

پاۋلۇسنىڭ گالاتىيالىقلاردىن ئەندىشە قىلىشى

8بۇرۇن، خۇدانى تونۇمايدىغان ۋاقتىڭلاردا يالغان ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ، ئۇلارنىڭ قۇلى بولغانىدىڭلار. 9ئەمدىلىكتە، ھەقىقىي خۇدانى تونۇدۇڭلار. تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، خۇدا تەرىپىدىن تونۇلدۇڭلار. شۇنداق ئىكەن، يەنە نېمە ئۈچۈن بۇ دۇنيادىكى ئاجىز، كېرەكسىز قائىدە-يوسۇنلارنىڭ قۇللۇقىغا يېڭىۋاشتىن قايتماقچى بولىسىلەر؟ 10سىلەر يەنىلا مەلۇم كۈن، ئاي، پەسىل ۋە يىللارنى خاتىرىلەۋاتىسىلەر. 11مەن ئىلگىرى سىلەرگە سىڭدۈرگەن ئەجرىمنىڭ بىكار كېتىشىدىن ئەنسىرەۋاتىمەن.

12قېرىنداشلار، گەرچە مەن يەھۇدىي بولساممۇ، ئەمدى تەۋرات قانۇنىنىڭ ئەسىرى بولماي، سىلەر يەھۇدىي ئەمەسلەردەك ئۇنىڭدىن مۇستەسنامەن. سىلەردىن شۇنى ئۆتۈنۈپ سورايمەنكى، بۇ جەھەتتە ماڭا ئوخشاش بولۇڭلار. سىلەر ماڭا ھېچ ئازار يەتكۈزمىگەنىدىڭلار. 13سىلەرگە مەلۇمكى، كېسەل سەۋەبىدىن گالاتىيادا دەم ئېلىۋاتقان ۋاقتىمدا، بۇ خۇش خەۋەرنى سىلەرگە بىرىنچى قېتىم يەتكۈزگەنىدىم. 14ئۇ چاغدا، كېسىلىم سىلەر ئۈچۈن بىر ئاۋارىچىلىك بولسىمۇ، لېكىن سىلەر مېنى كەمسىتمىدىڭلار، رەت قىلمىدىڭلار. ئەكسىچە، مېنى خۇدا ئەۋەتكەن بىر پەرىشتىنى، ھەتتا ئەيسا مەسىھنى كۈتكەندەك كۈتۈۋالدىڭلار. 15ئۇ چاغدىكى خۇشاللىقىڭلار ئەمدى نەگە كەتتى؟! جەزم قىلىپ ئېيتالايمەنكى، ئۇ چاغدا سىلەر مۇمكىن بولسا، ماڭا كۆزلىرىڭلارنى ئويۇپ بېرىشكىمۇ رازى ئىدىڭلار. 16ئەمدىلىكتە، سىلەرگە ھەقىقەتنى سۆزلىگەنلىكىم ئۈچۈن، دۈشمىنىڭلارغا ئايلىنىپ قالدىممۇ؟

17مەن ئېيتىپ ئۆتكەن ھېلىقى ئادەملەر سىلەرنى ئۆزىگە قارىتىۋېلىشقا تىرىشماقتا. ئۇلارنىڭ نىيىتى توغرا ئەمەس. ئۇلار سىلەرنى بىزدىن ئايرىۋېتىپ، ئۆزلىرىگە قارىتىۋالماقچى. 18مەيلى مەن سىلەر بىلەن بىللە بولاي ياكى بولماي، سىلەرگە قىزىقىۋاتقان بۇ كىشىلەرنىڭ نىيىتى توغرا بولسىلا، ياخشى بولاتتى، ئەلۋەتتە. 19بالىلىرىم! ئېتىقادىڭلار ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئەيسا مەسىھنىڭ تەبىئىتى سىلەردە گەۋدىلەنگۈچە، مەن سىلەر ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم خۇددى تولغاق ئازابىنى تارتىۋاتقان ئانىدەك ئازابلىنىۋاتىمەن. 20مېنىڭ ھازىرلا يېنىڭلارغا بېرىپ، سىلەرگە مۇلايىملىق بىلەن نەسىھەت قىلغۇم كېلىۋاتىدۇ. چۈنكى، سىلەرنىڭ بۇ ئەھۋالىڭلارنى ئاڭلاپ، قانداق قىلىشنى راستتىنلا بىلمەيۋاتىمەن!

ھەجەر بىلەن سارەنىڭ مىسالى

21تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدە ياشاشنى خالايدىغان سىلەردىن شۇنى سوراپ باقاي، سىلەر تەۋراتتا نېمە دېيىلگەنلىكىنى بىلمەمسىلەر؟ 22تەۋراتتا ئىبراھىمنىڭ ئىككى ئوغلى بارلىقى خاتىرىلەنگەن. ئۇلارنىڭ بىرى قۇل ئايال ھەجەردىن، يەنە بىرى ئۆز ئايالى سارەدىن بولغان. 23قۇل ئايالدىن بولغان ئوغۇل پەرزەنت قالدۇرۇش قانۇنىيىتى بويىچە، ئۆز ئايالىدىن بولغان ئوغۇل بولسا خۇدانىڭ ۋەدىسى بويىچە دۇنياغا كەلگەن.*24بۇ يەردە مۇنداق بىر ئوخشىتىش بار. بۇ ئىككى ئايال خۇدانىڭ ئىنسانلار بىلەن تۈزگەن ئىككى ئەھدىسىنىڭ ۋەكىلىدۇر. تەۋرات قانۇنى دەل سىناي تېغىدا چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ قانۇن يەھۇدىيلارنى ئۆزىنىڭ قۇلى قىلىدۇ. ھەجەرنىڭ ئۆزى قۇل بولۇپ، بالىلىرىمۇ قۇل بولىدۇ. شۇڭا ئۇ سىناي تېغىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 25ھالبۇكى، ئەرەبىستاندىكى سىناي تېغىغا سىمۋول قىلىنغان ھەجەرنى بۈگۈنكى يېرۇسالېمغىمۇ ئوخشىتىشقا بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ شەھەر ئۆز خەلقى بىلەن ھازىرمۇ تەۋرات قانۇنىنىڭ قۇللۇقىدا تۇرماقتا. 26ئىبراھىمنىڭ ئۆز ئايالى سارە بولسا ئەركىن ئايال بولغاچقا، ئەرشتىكى يېرۇسالېمغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. شۇڭا، ئەرشتىكى يېرۇسالېمنى بىزنىڭ ئانىمىز دېيىشكە بولىدۇ. 27چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغان:

 

«خۇشال بول، ئەي پەرزەنت كۆرمىگەن تۇغماس ئايال!

تەنتەنە قىل يۇقىرى ئاۋازىڭ بىلەن تولغاق ئازابىنى كۆرمىگەن ئايال!

چۈنكى، دەسلەپتە تۇغماس بولغان ئايالنىڭ پەرزەنتلىرى

باشقا ئاياللارنىڭ پەرزەنتلىرىدىنمۇ كۆپ بولدى.»

 

28قېرىنداشلار، سىلەر خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى بولدۇڭلار. چۈنكى، خۇددى ئىسھاق خۇدانىڭ ۋەدىسى بويىچە سارەدىن تۇغۇلغاندەك، سىلەرمۇ خۇدانىڭ ۋەدىسى بويىچە تۇغۇلدۇڭلار. 29ئۇ چاغدا، پەرزەنت قالدۇرۇش قانۇنىيىتى بويىچە تۇغۇلغان ئىسمائىل مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان شاپائەت بىلەن تۇغۇلغان ئىسھاققا قانداق زىيانكەشلىك قىلغان بولسا، ھازىر تەۋرات قانۇنىغا قۇل بولغانلار ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغۇچى بىزلەرگە شۇنداق زىيانكەشلىك قىلىۋاتىدۇ. 30لېكىن، مۇقەددەس يازمىلاردا نېمە دەپ يېزىلغان؟ ئۇنىڭدا: «سەن بۇ دېدەك ئايالىڭنى ئوغلى بىلەن قوشۇپ ھەيدىۋەت! چۈنكى دېدەك ئايالىڭنىڭ ئوغلى ھەرگىز ئەركىن ئايالىڭدىن بولغان ئوغۇل بىلەن مىراسقا ئورتاق بولۇپ قالمىسۇن» دەپ يېزىلغان. 31دېمەك، قېرىنداشلار، بىز قۇل ئايالنىڭ ئەمەس، بەلكى ئەركىن ئايالنىڭ پەرزەنتلىرىمىز.



*3ياكى «بۇ دۇنيادىكى ئارتۇقچە قائىدە-يوسۇنلارغا».

*23خۇدا ئىبراھىمغا «مەن سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى ئۇلۇغ بىر خەلق قىلىمەن» دەپ ۋەدە قىلغانىدى. بىراق، ئىبراھىم بىلەن تۇغماس ئايالى سارە قېرىپ كەتكۈچە پەرزەنت كۆرمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىبراھىم قۇل ئايالى ھەجەردىن ئىسمائىلنى تاپتى. بۇ، «پەرزەنت قالدۇرۇش قانۇنىيىتى بويىچە تۇغۇلغان» بالا بولدى. ئاخىردا، خۇدانىڭ مۆجىزە كۆرسىتىشى بىلەن ئىبراھىم سارەدىن ئىسھاقنى تاپتى. بۇ بالا «خۇدانىڭ ۋەدىسى بويىچە تۇغۇلغان» ئوغۇلدۇر.



 

5

ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ ئەركىنلىكى

1ئەيسا مەسىھ بىزنى ئەركىنلىكتە ياشىسۇن دەپ، ئازاد قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، قەددىڭلارنى رۇسلاڭلار، تەۋراتتىكى قائىدە-يوسۇنلار سىلەرگە يەنە بويۇنتۇرۇق بولمىسۇن.

2مەنكى پاۋلۇس شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئەگەر سىلەر ھەققانىيلىقنى ئىزدەپ تۇرۇپ، يەنىلا خەتنىگە تايانساڭلار، ئۇ چاغدا ئەيسا مەسىھنىڭ سىلەرگە ھېچقانداق پايدىسى قالمايدۇ. 3مەن خەتنىگە تايانماقچى بولغانلارنى يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرىمەنكى، ئەگەر سىلەر خەتنىنى قوبۇل قىلساڭلار، تەۋراتتىكى پۈتۈن قائىدە-يوسۇنلارغا تولۇق بويسۇنۇشۇڭلار كېرەك. 4سىلەر بۇلارغا بويسۇنۇشقا تايىنىپ ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىشقا تىرىشساڭلار، ئۇ چاغدا سىلەر ئەيسا مەسىھتىن ئايرىلىپ قالىسىلەر، شۇنداقلا خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنى رەت قىلغان بولىسىلەر. 5لېكىن، ئېتىقاد ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلانغان بىزلەر بولساق، مۇقەددەس روھقا تايىنىپ، خۇدانىڭ بىزگە ۋەدە قىلغان بەخت-سائادەتلىرىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتىمىز. 6بىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، خەتنە قىلىش ياكى قىلماسلىق مۇھىم ئەمەس، پەقەت مېھىر-مۇھەببەت ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن ئېتىقادلا مۇھىم، دەپ قارايمىز.

7سىلەر ئېتىقاد يولىدا ئالغا بېسىۋاتقانىدىڭلار، بىراق كىم سىلەرنىڭ ھەقىقەتكە ئىتائەت قىلىشىڭلارغا توسالغۇ بولدى؟ 8ئۇ ئەلۋەتتە سىلەرنى ئۆزىگە چاقىرغان خۇدا ئەمەس! 9ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، كىچىككىنە خېمىرتۇرۇچ پۈتۈن خېمىرنى بولدۇرغىنىدەك، بىر ئادەمنىڭ خاتا تەلىمىمۇ نۇرغۇن ئادەمنى ئازدۇرىدۇ. 10سىلەرمۇ بۇ ئىشتا ماڭا ئوخشاش ئويلايدىغان بولىسىلەر، دەپ خۇداغا بولغان ئېتىقادىم بىلەن ئىشىنىمەن. سىلەرنى قۇترىتىۋاتقان كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ چوقۇم خۇدانىڭ جازاسىنى تارتىدۇ.

11قېرىنداشلار، ئەگەر مەن ئۇلار ئېيتقاندەك «خەتنە قىلىنىش كېرەك» دەپ داۋاملىق تەلىم بېرىپ يۈرگەن بولسام، ئۇنداقتا مەن بۈگۈنكى كۈندە يەنە نېمە ئۈچۈن يەھۇدىيلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرايمەن؟ ئەگەر شۇنداق قىلغان بولسام، ئۇ چاغدا «قۇتقۇزۇلۇش پەقەت ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستتىكى قۇربانلىقىدىنلا كېلىدۇ» دېمىگەن بولاتتىم ھەم ئۇلارنىڭ غەزىپىنىمۇ قوزغىمىغان بولاتتىم. 12سىلەرنى قۇتراتقان بۇ ئادەملەر ئۆزلىرىنى ئاختا قىلىۋەتسۇن!

13قېرىنداشلار، سىلەر ئەركىنلىككە چاقىرىلدىڭلار. لېكىن، بۇ ئەركىنلىكىڭلار گۇناھكار تەبىئىتىڭلارنىڭ ئارزۇلىرىنى قاندۇرۇشنىڭ باھانىسى بولۇپ قالمىسۇن. ئەكسىچە، بۇنى بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت بىلەن خىزمەت قىلىشنىڭ پۇرسىتى، دەپ بىلىڭلار. 14چۈنكى، پۈتۈن تەۋرات قانۇنى «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي» دېگەن ئەمرگە يىغىنچاقلانغان. 15لېكىن پەخەس بولۇڭلاركى، بىر-بىرىڭلارنى چىشلەپ تارتىپ يۈرسەڭلار، ئۆزۈڭلارنىمۇ ۋەيران قىلىسىلەر.

مۇقەددەس روھ ۋە بىزنىڭ گۇناھكار تەبىئىتىمىز

16شۇنى دېمەكچىمەنكى، مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياشاڭلار. شۇ چاغدا، گۇناھكار تەبىئىتىڭلارنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە يول قويمايسىلەر. 17چۈنكى، ئىنساننىڭ گۇناھكار تەبىئىتى مۇقەددەس روھقا زىت بولغان ئىشلارنى ئارزۇ قىلغىنىدەك، مۇقەددەس روھمۇ ئىنساننىڭ گۇناھكار تەبىئىتىگە زىت بولغان ئىشلارنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئۇلار بىر-بىرىگە قارىمۇقارشىدۇر، بۇ قارىمۇقارشىلىق ئۆزۈڭلار ئارزۇ قىلغان ئىشلارنى قىلىشتا توقۇنۇش پەيدا قىلىدۇ. 18ۋەھالەنكى، سىلەر مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە بولساڭلار، ئۇ چاغدا تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدە بولمايسىلەر.

19ئىنساننىڭ گۇناھكار تەبىئىتىگە باش ئېگىشى جىنسىي ئەخلاقسىزلىق، ناپاكلىق، شەھۋانىيلىق، 20بۇتپەرەسلىك، سېھىرگەرلىك، ئۆچمەنلىك، ئۇرۇشقاقلىق، قىزغانچۇقلۇق، غەزەپلىنىش، شەخسىيەتچىلىك، بۆلگۈنچىلىك، گۇرۇھۋازلىق، 21ھەسەتخورلۇق، ھاراقكەشلىك، ئەيش-ئىشرەت قاتارلىق گۇناھلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇرۇنقىدەك يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرىمەنكى، بۇ ئىشلارنى قىلغۇچىلارغا خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا ئۇرۇن يوق.

22ۋەھالەنكى، مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياشاشنىڭ بېرىدىغان مېۋىلىرى مېھىر-مۇھەببەت، خۇشال-خۇراملىق، تىنچ-ئامانلىق، سەۋر-تاقەت، مېھرىبانلىق، ياخشىلىق، سادىقلىق، 23مۇلايىملىق ۋە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشلاردىن ئىبارەتتۇر. بۇلار ھېچقانداق قانۇنغا زىت ئەمەستۇر. 24ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلار ئۆزىنىڭ گۇناھكار تەبىئىتى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق يامان ھەۋەسلەرنى كرېستكە مىخلىغان بولىدۇ. 25مۇقەددەس روھ بىزنىڭ يېڭى ھاياتىمىزنىڭ مەنبەسى بولغانىكەن، ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە ماڭايلى. 26تەكەببۇرلۇق قىلمايلى، بىر-بىرىمىزنى رەنجىتمەيلى، بىر-بىرىمىزگە ھەسەت قىلمايلى. 




6

بىر-بىرىڭلارغا ياردەم قىلىڭلار

1قېرىنداشلار، ئەگەر ئاراڭلاردا بىرىنىڭ ھازىرمۇ گۇناھ سادىر قىلىۋاتقانلىقى بايقالغان بولسا، ئېتىقادتا پىشىپ يېتىلگەن سىلەر ئۇنى مۇلايىملىق بىلەن توغرا يولغا قايتۇرۇپ كېلىڭلار. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزۈڭلارنىڭمۇ ئازدۇرۇلۇپ كەتمەسلىكىڭلارغا دىققەت قىلىڭلار. 2بىر-بىرىڭلارنىڭ ئېغىرچىلىقىنى كۆتۈرۈڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئەيسا مەسىھنىڭ قانۇنىغا ئەمەل قىلغان بولىسىلەر. 3ئەگەر كىمدەكىم ئۆزىنى قالتىس چاغلاپ، باشقىلارغا ياردەم بەرمىسە، ئۆزىنى ئۆزى ئالدىغان بولىدۇ. بۇنداق ئادەم ئەمەلىيەتتە قالتىس ئەمەس. 4ھەركىم ئۆزىنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ باقسۇن. پەخىرلىنىشكە تېگىشلىك بولسا، پەخىرلەنسۇن. ئۆزىنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرمىسۇن. 5ھەربىر ئادەم ئۆزىنىڭ ئىشىغا ئۆزى مەسئۇل بولۇشى كېرەك.

6خۇدانىڭ سۆزىدىن تەلىم ئېلىۋاتقان كىشى ئۆزىگە تەلىم بەرگۈچىنى ئۆزىدە بار بولغان ياخشى نەرسىلەر بىلەن بەھرىمەن قىلسۇن.

7ئۆز-ئۆزۈڭلارنى ئالدىماڭلار، ئۆز-ئۆزۈڭلارنى ئالدىغان بىلەن، خۇدانى ئالدىيالمايسىلەر. كىم نېمە تېرىسا، شۇنى ئالىدۇ. 8ئۆزىنىڭ گۇناھكار تەبىئىتىنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئۇرۇق چاچقان كىشى ئۇنىڭدىن ھالاكەت ھوسۇلى ئالىدۇ. مۇقەددەس روھنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇق چاچقان كىشى بولسا ئۇنىڭدىن مەڭگۈلۈك ھايات ھوسۇلى ئالىدۇ. 9شۇڭا، ياخشى ئىشلارنى قىلىشتىن بوشاشمايلى. شۇنداق قىلساق، ۋاقتى كەلگەندە چوقۇم مول ھوسۇل ئالالايمىز. 10شۇنىڭ ئۈچۈن، پۇرسەت بولسىلا، باشقىلارغا، بولۇپمۇ ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزغا ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بېرەيلى.

ئاگاھلاندۇرۇش ۋە سالام

11قاراڭلار! تۆۋەندىكى بۇ قۇرلارنى ئۆز قولۇمدا ئالاھىدە چوڭ خەتلەر بىلەن يېزىۋاتىمەن. 12يەھۇدىيلارنىڭ ماختىشىغا خۇشتار كىشىلەر سىلەرنى خەتنە قىلدۇرۇشقا زورلايدۇ. ئۇلار قۇتقۇزۇلۇش پەقەت ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستتە قۇربان بولغانلىقىدىنلا كېلىدۇ دېسە، يەھۇدىيلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرايدۇ. 13ئەمەلىيەتتە، بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىمۇ تەۋرات قانۇنىغا تولۇق ئەمەل قىلمايدۇ. بىراق، ئۇلار سىلەرنىڭ خەتنىنى قوبۇل قىلغانلىقىڭلار بىلەن ماختىنىش ئۈچۈن، خەتنە قىلدۇرۇشۇڭلارنى تەلەپ قىلىدۇ. 14ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، رەببىمىز ئەيسانىڭ كرېستتىكى ئۆلۈمىدىن باشقا ھېچقانداق ئىش بىلەن ماختانمايمەن. چۈنكى، ئۇنىڭ كرېستتىكى ئۆلۈمى سەۋەبىدىن بۇ دۇنيا مەن ئۈچۈن ئۆلگەندۇر، مەنمۇ بۇ دۇنيا ئۈچۈن ئاللىبۇرۇن ئۆلگەن. 15خۇدانىڭ نەزىرىدە خەتنە قىلىش ياكى قىلماسلىق مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق يېڭى ئادەم بولۇشتۇر. 16مۇنداق كۆزقاراش بىلەن ياشايدىغانلارغا _ خۇدانىڭ ھەقىقىي خەلقىگە ئامانلىق ۋە رەھىم-شەپقەت يار بولغاي!

17بۇنىڭدىن كېيىن، ھېچكىم يۇقىرىدا دېيىلگەن ئىشلار بىلەن مېنى ئاۋارە قىلمىسۇن! چۈنكى، بەدىنىمدە قالغان يارا ئىزلىرى مېنىڭ ئەيسا مەسىھ ئۈچۈن خۇش خەۋەر تارقىتىش يولىدا تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمنىڭ ئىزناسىدۇر.

18قېرىنداشلار، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى سىلەرگە يار بولغاي، ئامىن!