«گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت»

(قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)

بۇ خەتنىڭ مۇئەللىپى ئەلچى پاۋلۇس بولۇپ، ئۇ بۇ خەتنى ئەينى چاغدىكى رىم ئىمپېرىيىسىگە تەۋە بولغان گالاتىيا ئۆلكىسىدىكى (بۈگۈنكى تۈركىيىدە) ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكلىرىگە يازغان. پاۋلۇس بىرىنچى قېتىملىق خىزمەت سەپىرىدە گالاتىيا ئۆلكىسىگە بېرىپ خۇش خەۋەر تارقاتقان ۋە ئۇ يەردىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكلىرىنىڭ ئاساسىنى سالغان («ئەلچىلەر» 13-بابتىن 14-بابقىچە).

ئەيسا مەسىھ ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەر ئارىسىدا كەڭ تارقىلىشى ۋە قارشى ئېلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئىچىدە ھەقىقىي ئېتىقادچى بولۇش ئۈچۈن چوقۇم مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىغا بويسۇنۇش كېرەك، دېگەن خاتا تەلىملەر پەيدا بولۇپ، كىشىلەر ئۇ ھەقتە تالاش-تارتىش قىلىشقا باشلىغان.

پاۋلۇس شۇ خىل خاتا تەلىملەر تەرىپىدىن ئازدۇرۇلغانلارنى ھەقىقىي ئېتىقادقا قايتۇرۇپ كېلىش مەقسىتىدە بۇ خەتنى يازغان. ئۇ ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئەلچىلىك ھوقۇقىنى ياقلىغان. تەۋرات قانۇنى بىلەن ئېتىقادنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، پاۋلۇس مۇقەددەس يازمىلاردىن نەقىل كەلتۈرۈپ، ئىنسانلارنىڭ ئېتىقاد ئارقىلىقلا خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئۇ ئاخىرىدا، ھەقىقىي ئەركىنلىككە پەقەت ئېتىقاد ئارقىلىقلا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى ۋە ئېتىقادچىلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتا بۇ ئەركىنلىكنى باشقىلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىش بىلەن ئىپادىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

تېزىس:

1. سالام ۋە ئاگاھلاندۇرۇش (1-باب 1-ئايەتتىن 10-ئايەتكىچە)

2. پاۋلۇسنىڭ ئەلچىلىك ھوقۇقىنىڭ ئاساسى (1-باب 11-ئايەتتىن 2-بابنىڭ ئاخىرىغىچە)

3. تەۋرات قانۇنى ۋە ئېتىقاد (3-باب)

4. خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى (4-باب)

5. ئېتىقادچىلارنىڭ ئەركىنلىكى ھەم مەسئۇلىيىتى (5-بابتىن 6-باب 10-ئايەتكىچە)

6. ئاگاھلاندۇرۇش ۋە سالام (6-باب 11-ئايەتتىن 18-ئايەتكىچە)