ئەزرا


1

كورەش پادىشاھنىڭ يەھۇدىيلارنىڭ ئۆز يۇرتىغا قايتىشىغا پەرمان چۈشۈرۈشى

1پېرسىيە پادىشاھى كورەش تەختكە ئولتۇرغان 1-يىلى* پەرۋەردىگار يەرەمىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتقان سۆزلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. خۇدا كورەش پادىشاھنىڭ دىلىغا سېلىپ، بىر پەرمان چۈشۈرگۈزدى. پادىشاھ ئۇنى قەغەزگە پۈتۈپ، پادىشاھلىقىنىڭ ھەممە يېرىگە تارقاتتى.

2«بۇ پېرسىيە پادىشاھىنىڭ ئېيتقانلىرىدۇر: ‹پەرۋەردىگار، يەنى ئەرشىئەلادىكى خۇدا پۈتۈن يەر يۈزىدىكى پادىشاھلىقلارنى ماڭا ئاتا قىلدى. ئۇ مېنى يەھۇدىيەنىڭ يېرۇسالېم شەھىرىدە ئۆزىگە ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا قۇرۇشقا تەيىنلىدى.
3پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خەلقى بولغان سىلەر ئىسرائىللار يەھۇدىيەنىڭ يېرۇسالېم شەھىرىگە بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ، يەنى ئەجدادلىرىڭلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنى قايتا بىنا قىلىڭلار. خۇدا يېرۇسالېمدىدۇر، ئۇ سىلەرگە يار بولغاي!
4مەيلى قەيەردە بولسۇن، سۈرگۈنلەر ئارىسىدا يېرۇسالېمغا قايتماقچى بولغانلار بولسا، ئۇلارغا قولۇم-قوشنىلىرى ياردەم قىلىپ، ئالتۇن-كۈمۈش، مال-مۈلۈك ۋە مال-ۋاران بەرسۇن. ئۇنىڭدىن باشقا، خۇدانىڭ يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىسىغا خالىس ھەدىيەلەرنى سۇنسۇن.›»

5شۇنىڭدىن كېيىن، خۇدا دىللىرىغا سالغان ئىشنى ئورۇنداش ئۈچۈن يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىلىرىنىڭ باشلىقلىرى، روھانىيلار ۋە لاۋىيلار يېرۇسالېمغا بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قايتىدىن بىنا قىلىشقا تەييارلاندى.
6بارلىق قولۇم-قوشنىلار ئۇلارغا ياردەم بېرىپ، ئالتۇن-كۈمۈش قاچىلار، مال-مۈلۈك، مال-ۋاران ۋە قىممەتلىك نەرسىلەردىن باشقا يەنە ئىبادەتخانا ئۈچۈن خالىس ھەدىيىلەرنى سۇندى.
7كورەش پادىشاھ ئۇلارغا سابىق پادىشاھ نىبۇكادنەزەر يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىدىن ئولجا ئېلىپ ئۆز بۇتخانىسىغا قويغان قاچا-قۇچىلارنى قايتۇرۇپ بەردى.
8پېرسىيە پادىشاھى كورەش خەزىنە ۋەزىرى مىترىداتنى بۇ قاچا-قۇچىلارنى قايتۇرۇپ بېرىشكە مەسئۇل قىلدى. مىترىدات يەھۇدىيەگە قايتىدىغان سۈرگۈنلەرنىڭ باشلىقى شېشباسسارغا ئۇلارنى ساناپ ئۆتكۈزۈپ بەردى.
9ئۇلارنىڭ تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە:


30 دانە ئالتۇن داس

1000 دانە كۈمۈش داس

29 دانە كۈمۈش ئەسۋابلار

1030 دانە ئالتۇن قاچا

410 دانە كۈمۈش قاچا

1000 دانە باشقا خىل قاچا-قۇچا


11ھەممىسى بولۇپ 5400 دانە ئالتۇن-كۈمۈش قاچا-قۇچا بولدى. سۈرگۈنلەر بابىلدىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلگەندە، شېشباسسار بۇ قاچا-قۇچىلارنى بىرگە ئېلىپ كەلدى.



*1كورەش پادىشاھ مىلادىيەدىن ئىلگىرى 539-يىلى تەختكە ئولتۇرغان.



 

2

قايتىپ كەلگۈچىلەرنىڭ تىزىملىكى

1تۆۋەندىكىلەر بابىلدىكى ئەسىردىن قايتقان يەھۇدىي سۈرگۈنلىرىنىڭ تىزىملىكىدۇر. نىبۇكادنەزەر پادىشاھ بۇرۇن ئۇلارنى ئەسىر قىلىپ بابىلغا پالىغانىدى. بىراق ھازىر ئۇلار ئۆز يۇرتى يەھۇدىيەنىڭ يېرۇسالېم ۋە باشقا جايلىرىغا قايتىپ كەلدى.
2زىرۇببابەل، يېشۇۋا، نەخەمىيا، سىرايا، رىئېلايا، موردىكاي، بىلشان، مىسپار، بىگۋاي، رىخۇم ۋە بائانالار ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ قايتۇرۇپ كەلدى. سۈرگۈندىن قايتقان ئىسرائىل ئەرلىرىنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە:


3پارئوش جەمەتىدىن 2172 كىشى

4شىفاتيا جەمەتىدىن 372 كىشى

5ئاراخ جەمەتىدىن 775 كىشى

6پاخات-موئاب جەمەتىدىن (يېشۇۋا ۋە يوئابنىڭ ئەۋلادلىرى) 2812 كىشى

7ئېلام جەمەتىدىن 1254 كىشى

8زاتتۇ جەمەتىدىن 945 كىشى

9زاككاي جەمەتىدىن 760 كىشى

10بانى جەمەتىدىن 642 كىشى

11بېباي جەمەتىدىن 623 كىشى

12ئازگاد جەمەتىدىن 1222 كىشى

13ئادونىقام جەمەتىدىن 666 كىشى

14بىگۋاي جەمەتىدىن 2056 كىشى

15ئادىن جەمەتىدىن 454 كىشى

16ئاتېر جەمەتىدىن (خىزكىيانىڭ ئەۋلادلىرى) 98 كىشى

17بېزاي جەمەتىدىن 323 كىشى

18يورا جەمەتىدىن 112 كىشى

19خاشۇم جەمەتىدىن 223 كىشى

20گىببار جەمەتىدىن 95 كىش

21بەيتلەھەملىكلەردىن 123 كىشى

22نىتوفالىقلاردىن 56 كىشى

23ئاناتوتلۇقلاردىن 128 كىشى

24ئازماۋەتلىكلەردىن 42 كىشى

25قىريات-يىئارىم، كىفىرا ۋە بەئەروتلۇقلاردىن 743 كىشى

26راماھ ۋە گەبالىقلاردىن 621 كىشى

27مىكماسلىقلاردىن 122 كىشى

28بەيتەل ۋە ئايلىقلاردىن 223 كىشى

29نىبولۇقلاردىن 52 كىشى

30ماگبىشلىقلاردىن 156 كىشى

31ئېلاملىقلاردىن 1254 كىشى

32خارىملىقلاردىن 320 كىشى

33لود، خادىد ۋە ئونولۇقلاردىن 725 كىشى

34ئېرىخالىقلاردىن 345 كىشى

35سىنائالىقلاردىن 3630 كىشى.


36روھانىيلاردىن:

يىدايا جەمەتىدىن (يېشۇۋانىڭ ئەۋلادلىرى) 973 كىشى

37ئىممېر جەمەتىدىن 1052 كىشى

38پاشخۇر جەمەتىدىن 1247 كىشى

39خارىم جەمەتىدىن 1017 كىشى.

40لاۋىيلاردىن:

يېشۇۋا ۋە قادمىئېل جەمەتىدىن (ھوداۋيا ئەۋلادلىرى) 74 كىشى

41ئىبادەتخانا مۇناجاتچىلىرى: ئاساف جەمەتىگە تەۋە 128 كىشى

42ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرى: شاللۇم، ئاتېر، تالمون، ئاققۇب، خاتىتا ۋە شوباي جەمەتلىرىگە تەۋە 139 كىشى.

43ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرىنىڭ جەمەتىدىن:

زىخا، خاسۇفا، تاببائوت،

44قېروس، سىئاھا، پادون،

45لىبانا، خاگابا، ئاققۇب،

46خاگاب، شالماي، خانان،

47گىددېل، گاخار، رىئايا،

48رىزىن، نىقودا، گاززام،

49ئۇززا، پاسېياخ، بېساي،

50ئاسناھ، مىئۇنىم، نىفۇسىم،

51باقبۇق، خاقۇفا، خارخۇر،

52بازلۇت، مىخىدا، خارشا،

53بارقوس، سىسىرا، تەماخ،

54نىزىياخ ۋە خاتىفالار.

55سۇلايمان پادىشاھ خىزمەتكارلىرىنىڭ جەمەتىدىن:

سوتاي، ھەسسوفەرەت، پىرۇدا،

56يالاھ، دارقون، گىددېل،

57شىفاتيا، خاتتىل، پوكەرەت-ھاززىبايىم ۋە ئامىلار.

58ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ۋە سۇلايمان پادىشاھ خىزمەتكارلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ سانى جەمئىي 392 كىشى.


59تېلمەلاخ، تېلخارشا، كىرۇب، ئاددان ۋە ئىممېر دېگەن جايلاردىن كەلگەن بىر توپ كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىسرائىل ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالمىدى.
60بۇ كىشىلەر دىلايا، توبىيا ۋە نىقودا جەمەتلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 652 كىشى ئىدى.

61خاباييا، ھاققوز ۋە بارزىللاي دېگەن ئۈچ روھانىي جەمەتىمۇ قايتىپ كەلگەن بولۇپ، بارزىللاي گىلئادلىق بارزىللاينىڭ بىر قىزىغا ئۆيلىنىپ، ئۇنىڭ فامىلىسىنى ئىشلەتكەنىدى.
62بۇ روھانىيلار نەسەبنامىلىرىدىن جەمەت ناملىرىنى تاپالمىدى. شۇڭا ئۇلار ناپاك ھېسابلىنىپ، روھانىيلار قاتارىدىن ئورۇن ئالالمىدى.
63يەھۇدىيلارنىڭ باشلىقى ئۇلارغا «ئۇرىم» ۋە «تۇممىم»نى* ئىشلىتىپ، خۇدانىڭ ئىرادىسىنى بىلەلەيدىغان روھانىي كەلگۈچە، خۇداغا ئاتالغان يېمەكلىكلەرنىڭ روھانىيلارغا تېگىشلىكىنى يېمەسلىكىنى بۇيرۇدى.

64يەھۇدىيەگە قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 42,360 كىشى بولدى.
65سانالماي قالغانلاردىن 7337 ئەر-ئايال خىزمەتكار، 200 ئەر-ئايال ناخشىچى ۋە
66ئۇلارنىڭ 736 ئات، 245 قېچىر،
67435 تۆگە ۋە 6720 ئېشىكىمۇ بار ئىدى.

68بۇ سۈرگۈنلەر پەرۋەردىگارنىڭ يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىسىغا يېتىپ كەلگەندە، بەزى جەمەت باشلىقلىرى ئىبادەتخانىنى ئەسلى ئورنىغا قايتىدىن بىنا قىلىشقا خالىس ھەدىيىلەرنى تەقدىم قىلدى.
69ئۇلار ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە جەمئىي 61,000‏ ئالتۇن تەڭگە، 3000 كىلو كۈمۈش ۋە 100 قۇر روھانىي تونىنى ئىئانە قىلدى.

70روھانىيلار، لاۋىيلار، مۇناجاتچىلار، ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرى، ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ۋە بىر قىسىم كىشىلەر يېرۇسالېم ئەتراپىغا ئولتۇراقلاشتى. قالغانلار بولسا ئۆز يۇرتلىرىغا جايلاشتى.



*63كۆپ تەرەپلىمىلىك ئىزدىنىشلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ خۇدانىڭ ئىرادىسىنى بىلىش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان مۇقەددەس چەك بولۇشى مۇمكىن. «ئۇرىم»نىڭ ئىبرانىي تىلىدىكى مەنىسى «قارغاش»، بۇ يەردە «بولمايدۇ» دېگەن مەنىدە بولۇشى مۇمكىن. «تۇممىم»نىڭ ئىبرانىي تىلىدىكى مەنىسى «تەلتۆكۈس»، بۇ يەردە «بولىدۇ» دېگەن مەنىدە بولۇشى مۇمكىن.



 

3

ئىبادەتخانا سۇپىسىنىڭ قايتىدىن ياسىلىشى

1كۈز پەسلىنىڭ* دەسلەپكى مەزگىلىدە ئىسرائىللار ئۆز يۇرتلىرىغا ئورۇنلىشىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلار بىر نىيەت بىر مەقسەتتە يېرۇسالېمغا جەم بولدى.
2يوزاداقنىڭ ئوغلى يېشۇۋا بىلەن ئۇنىڭ خىزمەتداش روھانىيلىرى ۋە شىئالتېلنىڭ ئوغلى زىرۇببابەل بىلەن ئۇنىڭ تۇغقانلىرى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ قۇربانلىق سۇپىسىنى ياساشقا باشلىدى. ئۇلار ئۇنى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدىكى يوليۇرۇقلارغا بىنائەن كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىش ئورنى مەقسىتىدە سالدى.
3ئۇلار يەرلىك خەلقتىن قورقسىمۇ، يەنىلا قۇربانلىق سۇپىسىنى ئەسلى ئورنىغا قايتىدىن قۇرۇپ چىقتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار سەھەرلىك ۋە كەچلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىنى ئۇنىڭدا قىلىشقا باشلىدى.

4ئۇلار تەۋرات قانۇنىغا بىنائەن كەپە تىكىش ھېيتى قىلىپ، ھەر كۈنى تېگىشلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى قىلدى.
5ئۇنىڭدىن باشقا ئۇلار يەنە كۈندىلىك، يېڭى ئاي ۋە پەرۋەردىگار بېكىتكەن ھېيتلاردا قىلىشقا تېگىشلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى قىلىشقا باشلىدى. شۇنىڭدەك ئۇلار پەرۋەردىگارغا خالىس ھەدىيىلىرىنى تەقدىم قىلدى.
6روھانىيلار كەپە تىكىش ھېيتىدىن ئون بەش كۈن بۇرۇن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىشقا باشلىدى. بۇ ئىبادەتخانىنىڭ ئۇلى تېخى قويۇلۇپ بولمىغان ۋاقىت ئىدى.

ئىبادەتخانىنىڭ قايتىدىن قۇرۇلۇشى

7شۇنىڭدىن كېيىن خەلق تاشچى ۋە ياغاچچىلارنى ياللاپ، تىرلىقلار ۋە سىدونلۇقلارنىڭ كېدىر ياغاچلىرىغا يېمەك-ئىچمەك ۋە زەيتۇن يېغىنى تېگىشتى. بۇ ياغاچلار دېڭىز ئارقىلىق لىۋاندىن جاففا شەھىرىگە ئېلىپ كېلىندى. بۇ ئىش پېرسىيە پادىشاھى كورەشنىڭ رۇخسىتى بىلەن بولدى.

8خەلق سۈرگۈندىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى ئىككىنچى ئەتىيازنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ قۇرۇلۇشى باشلىنىپ كەتتى. بۇ خىزمەتكە شىئالتېلنىڭ ئوغلى زىرۇببابەل، يوزاداقنىڭ ئوغلى يېشۇۋا ھەم باشقا روھانىيلار، لاۋىيلار ۋە قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى قاتناشتى. لاۋىيلارنىڭ يېگىرمە ياشتىن يۇقۇرىلىرى ئىبادەتخانىنىڭ قايتىدىن قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى نازارەت قىلىشقا تەيىنلەندى.
9يېشۇۋا بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئەر قېرىنداشلىرى، قادمىئېل ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى (ھەممىسى ھوداۋيانىڭ ئەۋلادلىرى) ئىبادەتخانىدا ئىشلەۋاتقان ئىشچىلار ئۈستىدىن نازارەت قىلدى. لاۋىيلاردىن بولغان خېنادادنىڭ ئەر جەمەتلىرىمۇ ئۇلارغا ياردەملەشتى.

10ئۇلار ئىبادەتخانىنىڭ ئۇلىنى قويۇپ بولغاندا، روھانىيلار تونلىرىنى كىيىپ، كانايلارنى تۇتۇپ، ھەر قايسىسى ئۆز ئورۇنلىرىدا تۇرۇشتى. لاۋىيلاردىن بولغان ئاسافنىڭ ئەۋلادلىرى جاڭلارنى تۇتۇپ تۇرۇشتى. ئۇلار ئىسرائىلىيەنىڭ سابىق پادىشاھى داۋۇتنىڭ كۆرسەتكىنىدەك پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلىدى.
11ئۇلار مەدھىيە ۋە مىننەتدارلىق بىلەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئېيتىشىشلارنى ئۆتكۈزۈپ:


«پەرۋەردىگار شاپائەتلىكتۇر!

ئىسرائىلىيەگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر!» دېيىشتى.


ئاندىن بارلىق خەلق ئۈنلۈك ۋارقىراپ پەرۋەردىگارغا مەدھىيىلەر ئوقۇشتى. چۈنكى ئىبادەتخانىنىڭ ئۇلى قويۇلۇپ بولغانىدى.
12لېكىن بۇرۇنقى ئىبادەتخانىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن نۇرغۇن ياشانغان روھانىيلار، لاۋىيلار ۋە جەمەت باشلىقلىرى ھازىرقى قويۇلغان ئۇلنى كۆرۈپ، ئازابلىنىپ ئۈن سېلىپ يىغلىۋەتتى. باشقىلار بولسا قىيقاس چىقىرىپ تەنتەنە قىلىشتى.
13بۇ سادالار پەلەككە يەتكەنلىكتىن، ھېچكىم تەنتەنە ساداسى بىلەن يىغا-زار ئاۋازىنى پەرق ئېتەلمەيتتى. ئاۋازلار يىراق جايلاردىن ئاڭلىنىپ تۇراتتى.



*1يەھۇدىيلارنىڭ كالېندارى بويىچە كۈز پەسلى 7-ئايدا باشلىنىدۇ. كەپە تىكىش ھېيتى 7-ئاينىڭ 15-كۇنىگە توغرا كېلىدۇ.



 

4

ئىبادەتخانىنىڭ قۇرۇلۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىنىشى

1يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىلىرىنىڭ رەقىبلىرى سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ئاتالغان ئىبادەتخانىنى قايتىدىن بىنا قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى.
2شۇنىڭ بىلەن ئۇلار زىرۇببابەل بىلەن جەمەت باشلىقلىرىنىڭ ئالدىغا بېرىپ:

_ ئىبادەتخانىنى قۇرۇش خىزمىتىڭلارغا بىزمۇ قاتنىشايلى! بىزمۇ سىلەر ئېتىقاد قىلىدىغان خۇداغا ئىبادەت قىلىمىز. ئاسسۇر پادىشاھى ئېسارخاددون بىزنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەندىن بۇيان، داۋاملىق خۇداغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىپ كېلىۋاتىمىز. _ دېيىشتى.

3زىرۇببابەل، يېشۇۋا ۋە جەمەت باشلىقلىرى ئۇلارغا:

_ سىلەر خۇدايىمىزغا ئاتىغان بۇ ئىبادەتخانىنى بىنا قىلىشقا ئارىلىشالمايسىلەر! پېرسىيە پادىشاھى كورەشنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن ئۆزىمىز ئەجدادلىرىمىز ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا، يەنى پەرۋاەردىگارغا ئاتاپ ئۇنى قۇرۇپ چىقىمىز! _ دېدى.

4شۇنىڭ بىلەن يەرلىك خەلق يەھۇدىيلارنى نائۈمىدتە قويۇشقا تىرىشىپ، ئۇلارنى قورقۇتۇپ قۇرۇلۇشقا دەخلى يەتكۈزدى.
5ئۇلار يەنە يەرلىك ئەمەلدارلارغا پارا بېرىپ، ئۇلارغا توسقۇنلۇق قىلدى. بۇ ئىش پېرسىيە پادىشاھلىرى كورەشتىن تاكى دارىئوسقىچە داۋاملاشتى.

يەھۇدىيلارغا بولغان كېيىنكى توسقۇنلۇق

6نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن*، ئاخاشۋېروش پادىشاھ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە باشلىغاندا، يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېم خەلقىنىڭ رەقىبلىرى ئۇلار ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ مەكتۇپ سۇندى.

7يىللار ئۆتۈپ ئارتاخشاستى پادىشاھ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقاندا، بىشلام، مىترىدات، تابىئال ۋە باشقا ئەمەلدارلار پېرسىيە پادىشاھىغا مەكتۇپ يازدى. بۇ مەكتۇپ ئارامى تىلىدا يېزىلغان بولۇپ، پادىشاھقا تەرجىمە قىلىپ سۇنۇلدى.

8رىخۇم قوماندان ۋە شىمشاي پۈتۈكچىمۇ يېرۇسالېمنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا ئارتاخشاستى پادىشاھقا مەكتۇپ يازدى.
9مەكتۇپنى تۆۋەندىكى ئادەملەر پۈتكەنىدى: رىخۇم قوماندان، شىمشاي پۈتۈكچى، ئۇلارنىڭ باشقا خىزمەتداش ئەمەلدارلىرى، سوتچىلار، يەرلىك ئەمەلدارلار، پارسلار، ئەرەكلىكلەر، بابىللىقلار ۋە ئېلامدىكى سۇزا شەھىرىدىن كۆچۈپ كەلگەنلەر،
10ئۇلۇغ ۋە شانلىق ئوسناپپار پادىشاھ تەرىپىدىن يۇرتىدىن سۈرگۈن قىلىنىپ، سامارىيەنىڭ شەھەرلىرىدە ۋە فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى باشقا جايلاردا ياشىغان خەلقلەر.
11مەكتۇپنىڭ مەزمۇنى مۇنداق:


«ئارتاخشاستى پادىشاھقا، فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى خىزمەتكارلىرىدىن سالام!
12ئالىيلىرىغا شۇنى مەلۇم قىلىمىزكى، ئالىيلىرى تەرىپىدىن بۇ ياققا كېلىپ، يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقان يەھۇدىيلار رەزىللىككە ۋە توپىلاڭغا تولغان ئۇ شەھەرنى قايتىدىن قۇرماقتا. ئۇلار سېپىل ئۇلىنى رېمونت قىلىپ، سېپىللارنى بىنا قىلماقتا.
13ئى ئالىيلىرى! بۇ شەھەر قۇرۇلۇپ، سېپىللىرى ياسىلىپ بولسا، ئۇ كىشىلەر ھەر خىل ئالۋان-ياساقلارنى تۆلىمەيدۇ-دە، ئالىيلىرىنىڭ خەزىنىسىگە كىرىدىغان كىرىم كېمىيىپ كېتىدۇ.
14بىز سىلىنىڭ تۇزلىرىنى يەپ كەلگەن پۇقرالار، ئالىيلىرى نامىغا داغ كەلتۈرۈشنى ھەرگىز خالىمايمىز. شۇ ۋەجىدىن بۇ ئىشنى ئۆزلىرىگە مەلۇم قىلدۇق.
15ئالىيلىرىنىڭ سابىق پادىشاھلارنىڭ تەزكىرىلىرىنى ئىزدىنىپ بېقىشىنى سورايمىز. شۇنداق بولغاندا، بۇ شەھەرنىڭ توپىلاڭغا تولغانلىقىنى، پادىشاھلارنى ۋە ئۆلكىلەرنى پاراكەندە قىلىپ كەلگەنلىكىنى كۆرەلەيدىلا. بۇ شەھەردە قەدىمدىن بېرى قوزغىلاڭ بولۇپ كەلگەن، شۇڭا شەھەر گۇمران قىلىنغان.
16ئالىيلىرىنىڭ سەمىگە شۇنى سالىمىزكى، ئەگەر بۇ شەھەر قايتىدىن بىنا قىلىنىپ سېپىللىرى پۈتسە، ئالىيلىرى فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىگە ئىگىدارچىلىق قىلالماي قالىدىلا.»


17پادىشاھ جاۋابەن مۇنداق دېدى:

«رىخۇم قوماندان، شىمشاي پۈتۈكچى ۋە سىلەرنىڭ سامارىيە ھەم فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىدە تۇرغۇچى باشقا خىزمەتداش ئەمەلدارلىرىڭلارغا سالام!
18سىلەر سۇنغان مەكتۇپنى تەرجىمە قىلدۇرۇپ ئوقۇتتۇم.
19تەكشۈرۈپ كۆرۈشكە ئەمر قىلغانىدىم. دەرۋەقە، يېرۇسالېمنىڭ قەدىمدىن بۇيان پادىشاھلارغا قارشىلىقلارنى قىلىپ كەلگەنلىكىنى بايقىدىم. ئۇ شەھەر توپىلاڭ ۋە قوزغىلاڭغا تولغانىكەن.
20قۇدرەتلىك پادىشاھلار ئۇ يەردە ياشىغان ۋە فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى پۈتۈن ئۆلكىنى سورىغان ھەم ئۇلاردىن ھەر خىل ئالۋان-ياساقلارنى ئېلىپ كەلگەنىكەن.
21شۇڭا سىلەر بۇيرۇق چۈشۈرۈپ تاكى مەن ئەمر قىلغۇچە، ئۇ شەھەرنىڭ قايتىدىن بىنا قىلىنىشىنى توسۇڭلار.
22ئېغىر زىيانغا ئۇچرىماسلىقىم ئۈچۈن، بۇ ئىشقا سەل قارىماڭلار!»


23رىخۇم، شىمشاي پۈتۈكچى ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەتداشلىرى ئارتاخشاستى پادىشاھنىڭ جاۋاب خېتىنى ئاڭلاپ، دەرھال يېرۇسالېمغا بېرىپ قورال كۈچى بىلەن يەھۇدىيلارنى ئىش توختىتىشقا مەجبۇر قىلدى.

ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىنىڭ يەنە قايتىدىن باشلىنىشى

24خۇدانىڭ يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىسىنى قايتىدىن بىنا قىلىش قۇرۇلۇشى توختاپ قالغانىدى. بۇ ئەھۋال پېرسىيە پادىشاھى دارىئوس ھاكىمىيىتىنىڭ 2-يىلىغىچە داۋاملاشتى.



*6يوقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان 6-ئايەتتىن 23-ئايەتكىچە بولغان مەزمۇن تەخمىنەن يۈز يىلدىن كېيىنكى يېرۇسالېم شەھەر سېپىلىنىڭ بىنا قىلىنىشىدىكى توسقۇنلۇقنى كۆرسىتىدۇ.



 

5

1ئۇ چاغدا ھاگاي پەيغەمبەر ھەم ئىددونىڭ ئوغلى زىكىرىيا پەيغەمبەر ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن ھەم ئۇلارغا يار بولغان خۇدانىڭ نامى بىلەن يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمدا تۇرىدىغان يەھۇدىيلارغا خۇدانىڭ ۋەھىيلىرىنى يەتكۈزۈشكە باشلىغانىدى.
2شىئالتېلنىڭ ئوغلى زىرۇببابەل ۋە يوزاداقنىڭ ئوغلى يېشۇۋا يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىنى بىنا قىلىشنى يەنە قايتىدىن باشلىدى. ئۇشبۇ ئىككى پەيغەمبەر ئۇلار بىلەن بىللە بولۇپ، ياردەمدە بولدى.

3فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىنىڭ باشلىقى تاتتىناي، شىتار-بوزىناي ۋە باشقا خىزمەتداش ئەمەلدارلار شۇ ۋاقىتتا يېرۇسالېمغا كېلىپ ئۇلاردىن:

_ سىلەرگە بۇ ئىبادەتخانىنى بىنا قىلىشقا ۋە تاملارنى قوپۇرۇشقا كىم رۇخسەت بەردى؟ _ دەپ سورىدى.

4ئۇلار يەنە ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىدىكىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى سورىدى.
5لېكىن خۇدانىڭ نەزىرى ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىدا بولغانلىقى ئۈچۈن، پارس ئەمەلدارلىرى دارىئوس پادىشاھقا مەكتۇپ تۇتۇپ جاۋاب ئالغۇچە، ئۇلارنىڭ قۇرۇلۇش ئىشىنى توسمىدى.

تاتتىنايلارنىڭ پادىشاھقا تۇتقان مەكتۇپى

6فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىنىڭ باشلىقى تاتتىناي، شىتار-بوزىناي ۋە خىزمەتداش ئەمەلدارلارنىڭ پادىشاھقا تۇتقان مەكتۇپى مۇنداق ئىدى:


7«دارىئوس پادىشاھ ئالىيلىرىغا سالام!

8ئالىيلىرىغا شۇنى مەلۇم قىلىمىزكى، بىز يەھۇدىيە رايونىغا بېرىپ، ئۇلۇغ خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ قايتىدىن بىنا قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. بۇ ئىبادەتخانا قورام تاشلار بىلەن ياسىلىۋېتىپتۇ ۋە تاملىرىنىڭ ئىچىگە چوڭ لىملار قويۇلۇپتۇ. بۇ قۇرۇلۇش ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن ئوڭۇشلۇق كېتىۋېتىپتۇ.
9بىز ئاقساقاللاردىن ئىبادەتخانىنى قايتىدىن بىنا قىلىش ۋە تاملىرىنى پۈتتۈرۈشكە كىم رۇخسەت بەرگەنلىكىنى سورىدۇق.
10ئالىيلىرىغا بۇ خىزمەتكە يىتەكچىلىك قىلغۇچىلارنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى سورىدۇق.
11ئۇلار جاۋابەن:

‹بىز پۈتۈن ئالەمنىڭ ئىگىسى بولغان خۇدانىڭ بەندىلىرىمىز. بىز ھازىر قايتىدىن بىنا قىلىۋاتقان ئىبادەتخانىنى نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى ئىسرائىلىيەنىڭ بىر كۈچلۈك پادىشاھى قۇرۇپ چىققان.
12ئەجدادلىرىمىز ئەرشىئەلادىكى خۇدانىڭ غەزىپىنى قوزغاپ قويغانلىقتىن، خۇدا ئۇلارنى كالدانلارنىڭ پادىشاھى، يەنى بابىلنىڭ سابىق پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. پادىشاھ بۇ ئىبادەتخانىنى ۋەيران قىلىپ، خەلقنى بابىلغا سۈرگۈن قىلدى.
13لېكىن بابىل پادىشاھى كورەشنىڭ بىرىنچى يىلى مەزكۇر ئىبادەتخانىنىڭ قايتىدىن بىنا قىلىنىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلدى.
14كورەش پادىشاھ ھەتتا نىبۇكادنەزەر پادىشاھ يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىدىن ئولجا ئېلىپ بابىلدىكى بۇتخانىغا قويغان ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسالغان قاچا-قۇچىلارنى شېشباسسار ئىسىملىك بىر كىشىگە قايتۇرۇپ بەردى. كورەش پادىشاھ ئۇنى يەھۇدىيەگە باشلىق قىلىپ تەيىنلىگەنىدى.
15پادىشاھ ئۇنىڭغا بۇ قاچا-قۇچىلارنى يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىغا ئالغاچ كېتىشنى ھەمدە ئىبادەتخانىنى ئەسلى ئورنىغا قايتىدىن بىنا قىلىپ چىقىشنى بۇيرۇدى.
16شۇڭا شېشباسسار قايتىپ كېلىپ، يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىنىڭ ئۇلىنى ئورناتتى. قۇرۇلۇش شۇ چاغدىن تارتىپ ھازىرغىچە داۋاملاشماقتا ۋە تېخى پۈتمىدى.› دېدى.

17شۇنىڭ ئۈچۈن ئالىيلىرى توغرا كۆرسىلە، بابىلنىڭ ئوردا تەزكىرىسىنى ئىزدىنىپ باققايلا. كورەش پادىشاھنىڭ يېرۇسالېمدىكى مەزكۇر ئىبادەتخانىنى قايتىدىن بىنا قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن-چۈشۈرمىگەنلىكىنى ئېنىقلاپ كۆرگەيلا. ئاندىن بىزگە بۇ ئىشنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغرۇلۇق يوليورۇق بەرگەيلا.»


6

دارىئوس پادىشاھنىڭ پەرمانى

1شۇنىڭ بىلەن دارىئوس پادىشاھ بابىلدىكى ئارخىپخانىنى تەكشۈرۈپ چىقىشنى بۇيرۇدى.
2مىدىيا ئۆلكىسىنىڭ ئاخمىتا شەھىرىدىكى ئوردىدىن بىر قەدىمىي ئورالما قوليازما تېپىلدى. ئۇنىڭدا مۇنداق پۈتۈلگەنىدى:


«يارلىق:

3كورەش پادىشاھ تەختكە ئولتۇرغان بىرىنچى يىلى يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانا توغرۇلۇق پەرمان چۈشۈردى. ئىبادەتخانا يەھۇدىيلار قۇربانلىق سۇنىدىغان ئەسلى ئورنىغا قايتىدىن قۇرۇپ چىقىلسۇن. مەزكۇر ئىبادەتخانىنىڭ ئېگىزلىكى يىگىرمە يەتتە مېتىر، كەڭلىكى يىگىرمە يەتتە مېتىر بولسۇن.
4تاملىرى ھەر ئۈچ قەۋەت تاشنىڭ ئۈستىگە بىر قەۋەت ياغاچ قويۇلۇپ ياسالسۇن. پۈتۈن خىراجىتى ئوردا خەزىنىسىدىن ئاجرىتىلسۇن.
5نىبۇكادنەزەر پادىشاھ يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىدىن بابىلغا ئېلىپ كەلگەن ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسالغان قاچا-قۇچىلار ئەسلىدىكى ئىبادەتخانىغا قايتۇرۇلۇپ، ئورنىغا قويۇلسۇن.»

6شۇڭا، پادىشاھ دارىئوس مۇنداق جاۋاب قايتۇردى:

«فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىنىڭ باشلىقى تاتتىناي، شىتار-بوزىناي ۋە بۇ ئۆلكىنىڭ خىزمەتداش ئەمەلدارلىرىغا: ‹سىلەر ئىبادەتخانىغا يېقىنلاشماڭلار.
7ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىغا ئارىلاشماڭلار. يەھۇدىيەنىڭ باشلىقى بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ ئاقساقاللىرى ئىبادەتخانىنى ئەسلى ئورنىغا قايتىدىن بىنا قىلسۇن.

8مەن سىلەرنىڭ ئۇلارغا ياردەمدە بولۇشۇڭلارنى بۇيرۇيمەن. قۇرۇلۇش توختاپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ پۈتۈن خىراجىتى فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىنىڭ ئوردا خەزىنىسىگە كىرىدىغان ئالۋان-ياساق كىرىمىدىن كېچىكتۈرمەي ئاجرىتىلسۇن.
9سىلەر يېرۇسالېمدىكى روھانىيلارنىڭ ئەرشىئەلادىكى خۇداغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇشى ئۈچۈن ئۇلارغا نېمە كېرەك بولسا شۇنى، يەنى تورپاق، قوچقار ۋە پاقلانلارنى بېرىڭلار ھەمدە ئۇلار تەلەپ قىلغان بۇغداي، تۇز، شاراب ۋە زەيتۇن ياغلىرىدىن تارتىپ ھەممىنى ھەر كۈنى ئۈزۈلدۈرمەي تەمىنلەڭلار.
10شۇنداق بولغاندا، ئۇلار ئەرشىئەلادىكى خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان قۇربانلىقلارنى سۇنۇپ، خۇدانىڭ ماڭا ۋە ئوغۇللىرىمغا بەخت ئاتا قىلىشىغا دۇئا قىلالايدۇ.

11يەنە شۇنداق بۇيرۇيمەنكى: كىمكى پەرمانىمغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزسە، ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ بىر لىمى سۇغۇرۇپ ئېلىنىپ، ئۇ ئادەم تىكلەنگەن لىمغا سانجىپ قويۇلسۇن، ئۆيى ئەخلەت دۆۋىسىگە ئايلانسۇن.
12ئەگەر بىرەر پادىشاھ ياكى پۇقرا بۇ پەرمانغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزسە، مەزكۇر ئىبادەتخانىنى ۋەيران قىلىۋەتمەكچى بولسا، ئۆز نامىنى ئۇلۇغلاشقا يېرۇسالېمنى تاللىغان خۇدا ئۇنى ئۇرسۇن.

مەزكۇر پەرماننى مەنكى دارىئوس جاكارلىدى، سۆزسىز ئىجرا قىلىنسۇن!»

ئىبادەتخانىنىڭ خۇداغا بېغىشلىنىشى

13شۇنىڭ بىلەن فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىنىڭ باشلىقى تاتتىناي، شىتار-بوزىناي ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەتداش ئەمەلدارلىرى، پادىشاھنىڭ پەرمانىنى سۆزسىز ئىجرا قىلدى.
14ھاگاي پەيغەمبەر ۋە ئىددونىڭ ئوغلى زىكىرىيا پەيغەمبەرنىڭ ۋەھىي يەتكۈزۈشى بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ ئاقساقاللىرى ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇلار ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ئەمرىگە بىنائەن پېرسىيە پادىشاھلىرى كورەش، دارىئوس ۋە ئارتاخشاستىنىڭ پەرمانلىرى بويىچە ئىبادەتخانىنى بىنا قىلىشنى تاماملىدى.
15دارىئوس پادىشاھ ھاكىمىيىتىنىڭ 6-يىلى ئادار ئېيىنىڭ 3-كۈنى* ئىبادەتخانىنىڭ قۇرۇلۇشى تەلتۆكۈس تامام بولدى.

16ئىسرائىل خەلقى، جۈملىدىن روھانىيلار، لاۋىيلار ۋە قالغان سۈرگۈنلەر ئىبادەتخانىنى خۇداغا بېغىشلاش مۇراسىمىنى شاد-خۇراملىق ئىچىدە ئۆتكۈزدى.
17ئۇلار بۇ مۇراسىمدا 100 تۇياق تورپاق، 200 تۇياق قوچقار ۋە 400 تۇياق پاقلان قۇربانلىق قىلدى، يەنە 12 تېكىنى ئىسرائىلىيەنىڭ 12 قەبىلىسى ئۈچۈن گۇناھ كەچۈرۈلۇش قۇربانلىقى قىلدى.
18مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن تەۋراتتىكى يازمىلارغا بىنائەن روھانىيلار بىلەن لاۋىيلار ئۆز جامائەتچىلىكى بويىچە يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىدا نۆۋەتچىلىك بىلەن خۇدانىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا تەشكىللەندى.

ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى

191-ئاينىڭ 14-كۈنى* سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەنلەر ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزدى.
20پۈتۈن روھانىيلار ۋە لاۋىيلار ئۆزلىرىنى پاكلىدى. ئۇلار پاكلىنىپ، بارلىق سۈرگۈنلەر، خىزمەتداش روھانىيلار ۋە ئۆزلىرى ئۈچۈن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ مېلىنى بوغۇزلىدى.
21سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەن ئىسرائىللار ۋە ناپاك يولىنى تاشلاپ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ئىبادەت قىلىدىغان شۇ يەردىكى يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ بۇ قۇربانلىق بىلەن غىزالاندى.
22ئاندىن ئۇلار پېتىر نان ھېيتىنى شاد-خۇراملىق ئىچىدە يەتتە كۈن ئۆتكۈزدى. پەرۋەردىگار ئۇلارنى شادلىققا چۆمدۈرگەنىدى، چۈنكى ئۇ ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ دىلىنى يۇمشىتىپ، ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنى قايتىدىن بىنا قىلىشنى قوللاتقۇزغانىدى.



*15ھازىرقى زامان كالېندارى بويىچە مىلادىيەدىن ئىلگىرى 516 يىلى 12-مارتقا توغرا كېلىدۇ.

*19بۇ يەھۇدىي كالېندارى بويىچە بولۇپ، ھازىرقى زامان كالېندارى بويىچە 4-ئاينىڭ 21-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.



 

7

ئەزرانىڭ يېرۇسالېمغا يېتىپ كېلىشى

1نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن پېرسىيە پادىشاھى ئارتاخشاستى مەزگىلىدە ئەزرا ئىسىملىك بىر روھانىي ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ سىرايانىڭ ئوغلى، سىرايا ئازاريانىڭ ئوغلى، ئازاريا خىلقىيانىڭ ئوغلى،
2خىلقىيا شاللۇمنىڭ ئوغلى، شاللۇم زادوقنىڭ ئوغلى، زادوق ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى،
3ئاخىتۇب ئاماريانىڭ ئوغلى، ئاماريا ئازاريانىڭ ئوغلى، ئازاريا مىرايوتنىڭ ئوغلى،
4مىرايوت زىراخيانىڭ ئوغلى، زىراخيا ئۇززىنىڭ ئوغلى، ئۇززى بۇققىنىڭ ئوغلى،
5بۇققى ئابىشۇۋانىڭ ئوغلى، ئابىشۇۋا پىنىخاسنىڭ ئوغلى، پىنىخاس ئەلئازارنىڭ ئوغلى، ئەلئازار بولسا تۇنجى باش روھانىي ھارۇننىڭ ئوغلى ئىدى.
6بابىلدىن ئايرىلغان تەۋرات ئۇستازى ئەزرا، پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرگەن تەۋرات قانۇنىدا كامالەتكە يەتكەنىدى. ئەزرا پادىشاھتىن نېمىنى تەلەپ قىلسا، پادىشاھ شۇنى ئورۇنداپ بېرەتتى، چۈنكى پەرۋەردىگار، يەنى ئۇ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئۇنىڭغا يار بولغانىدى.
7ئارتاخشاستى پادىشاھنىڭ يەتتىنچى يىلى ئەزرا بىر توپ ئىسرائىللارنى يېرۇسالېمغا ئېلىپ كەلدى. بۇ كىشىلەر ئارىسىدا روھانىيلار، لاۋىيلار، ئىبادەتخانا مۇناجاتچىلىرى، دەرۋازىۋەنلىرى ۋە خىزمەتكارلىرى بار ئىدى.

8‏-9ئۇلار ئارتاخشاستى پادىشاھنىڭ 7-يىلى، 1-ئاينىڭ 1-كۈنى* بابىلدىن يولغا چىقتى. خۇدا ئەزراغا يار-يۆلەك بولغانلىقتىن، ئۇلار 5-ئاينىڭ 1-كۈنى* يېرۇسالېمغا يېتىپ كەلدى.
10ئەزرا پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات قانۇنىنى ئۆگىنىشكە، ئىجرا قىلىشقا ۋە بۇ قانۇننىڭ قائىدە-نىزاملىرىنى ئىسرائىللارغا ئۆگىتىشكە ئۆزىنى بېغىشلىغانىدى.

ئارتاخشاستى پادىشاھنىڭ ئەزراغا يازغان مەكتۇپى

11ئارتاخشاستى پادىشاھ ئىسرائىللارغا چۈشۈرگەن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى پىششىق بىلىدىغان تەۋرات ئۇستازى ئەزرا روھانىيغا ئۇشبۇ مەكتۇپنى تۇتتى.


12«مەنكى شاھلارنىڭ شاھى ئارتاخشاستىدىن ئەرشىئەلادىكى خۇدانىڭ قانۇنىنىڭ ئۇستازى ئەزرا روھانىيغا سالام!

13پادىشاھلىقىمدا ياشاۋاتقان ئىسرائىل خەلقى جۈملىدىن روھانىيلار، لاۋىيلار ۋە باشقىلارغا شۇنى بۇيرۇيمەنكى، ئۇلار خالىغانچە ئۆزلىرى بىلەن بىر قاتاردا يېرۇسالېمغا قايتىپ كەتسە بولىدۇ.
14مەن، جۈملىدىن يەتتە مەسلىھەتچىم بىرلىكتە ئۆزلىرىنى يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەگە قايتقان سۈرگۈنلەرنىڭ سىلىگە ھاۋالە قىلىنغان خۇدانىڭ قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ كېلىشكە ئەۋەتتىم.
15مېنىڭ ۋە مەسلىھەتچىلىرىمنىڭ ئۆز رازىلىقىمىز بىلەن تەقدىم قىلغان ئالتۇن-كۈمۈشلىرىنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن ۋە يېرۇسالېمدا بولغان خۇداغا بېغىشلىغايلا.
16شۇنىڭدەك، بابىل ئۆلكىسىدە يىغىلغان ئالتۇن-كۈمۈشلەر ۋە ئىسرائىللار ھەم روھانىيلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىسىغا سۇنۇلغان خالىس ھەدىيىلەرنى ئالغاچ كەتكەيلا.
17بۇلارغا تورپاق، قوچقار، پاقلانلارنى، جۈملىدىن ئۇلار بىلەن بىرگە ئاشلىق ۋە شارابلارنى سېتىۋېلىپ، سىلەر ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىسىنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىدا ھەدىيە قىلغايلا.
18ئۆزلىرى ۋە قېرىنداشلىرى ئېشىپ قالغان ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى سىلەر ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ئاساسەن مۇۋاپىق جايغا ئىشلەتكەيلا.

19ئىبادەتخانىنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن ئۆزلىرىگە بېرىلگەن قاچا-قۇچىلارنى يېرۇسالېم ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلغان خۇداغا بېغىشلىغايلا.
20بۇنىڭدىن باشقا، ئىبادەتخاناڭلارغا نېمە لازىم بولسا، ئوردا خەزىنىسىدىن ئېلىپ ئىشلەتكەيلا.

21مەنكى ئارتاخشاستى پادىشاھ فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىنىڭ بارلىق خەزىنە ئەمەلدارلىرىغا بۇيرۇيمەنكى، ئەرشىئەلادىكى خۇدانىڭ قانۇنىنى پىششىق بىلىدىغان ئەزرا روھانىينىڭ بارلىق تەلەپلىرىنى تېزدىن بەجا كەلتۈرۈڭلار.
22سىلەر 3400 كىلو كۈمۈش، 300 تاغار بۇغداي، 2200 كىلو شاراب، 2200 كىلو زەيتۇن يېغىغىچە تەمىن ئېتىڭلار. تۇز چەكسىز تەمىنلەنسۇن.
23سىلەر ئەرشىئەلادىكى خۇدا ئۆز ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن چۈشۈرگەن ئەمرلىرىنىڭ ھەممىسىنى تولۇق بەجا كەلتۈرۈڭلار. شۇنداق بولغاندا، خۇدانىڭ غەزىپى ماڭا ۋە ئوغۇللىرىمغا چۈشمەيدۇ.
24روھانىيلار، لاۋىيلار، مۇناجاتچىلار، دەرۋازىۋەنلەر، خىزمەتكارلار ۋە ئىبادەتخانىدىكى ھەرقانداق باشقا خىزمەتچىلەردىن ئالۋان-ياساق ئېلىنمىسۇن.

25ئەزرا، خۇدا ئۆرلىرىگە ئاتا قىلغان ئەقىل-پاراسەت بىلەن فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىدە ياشايدىغان ھەم خۇدانىڭ قانۇنىنى بىلىدىغان بارلىق ئادەملەرنى ئىدارە قىلىشقا ئەمەلدار ۋە سوتچىلارنى تەيىنلىگەيلا. قانۇندىن ساۋاتى يوقلارغا ئۇنىڭدىن تەلىم بەرگەيلا.
26كىمكى خۇدانىڭ قانۇنىغا ياكى پادىشاھلىقنىڭ قانۇنىغا بويسۇنمىسا، قاتتىق جازاغا تارتىلسۇن، ئۆلتۈرۈلسۇن، سۈرگۈن قىلىنسۇن ياكى مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنسۇن ۋە ياكى قاماققا تاشلانسۇن.»

ئەزرانىڭ خۇدانى مەدھىيەلىشى

27ئەزرا مۇنداق دېدى:

«پەرۋەردىگار، يەنى ئەجدادلىرىمىز ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا مەدھىيىلەنگەي! ئۇ يېرۇسالېمدىكى ئۆز ئىبادەتخانىسىنى زىننەتلەشنى پادىشاھنىڭ دىلىغا سالدى.
28خۇدا ماڭا مەڭگۈلۈك مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، مېنى پادىشاھ، ئۇنىڭ مەسلىھەتچىلىرى ۋە بارلىق نوپۇزلۇق ئەمەلدارلىرىنىڭ قوللىشىغا ئىگە قىلدى. پەرۋەردىگارىم خۇدا ماڭا يار بولۇپ، ماڭا جاسارەت بەردى. شۇڭا مەن ئىسرائىللارنىڭ يۇرت باشلىرىنى ئۆزۈم بىلەن بىللە قايتىشقا يىغدىم.»



*9_8ھازىرقى زامان كالېندارى بويىچە مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 458-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.

*9_8ھازىرقى زامان كالېندارى بويىچە مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 458-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.



 

8

ئەزرا بىلەن بىرگە سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەنلەر

1ئارتاخشاستى پادىشاھ ھاكىمىيەت تۇتقان مەزگىلدە مەنكى ئەزرا بىلەن بىللە بابىلدىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلگەن جەمەت باشلىقلىرىنىڭ ئىسىملىكى ۋە ئۇلارنىڭ نەسەبنامىسى تۆۋەندىكىچە:


2‏-3پىنىخاس جەمەتىدىن گېرشوم

ئىتامار جەمەتىدىن دانىيال

داۋۇت جەمەتىدىن شېكانيانىڭ ئەۋلادى خاتتۇش

پارئوش جەمەتىدىن زىكىرىيا بىلەن نەسەبنامىسى ئېنىق بولغان 150 ئەر

4پاخات-موئاب جەمەتىدىن زىراخيانىڭ ئوغلى ئەليىھوئېناي ۋە 200 ئەر

5زاتتۇ جەمەتىدىن ياخازىئېلنىڭ ئوغلى شېكانيا ۋە 300 ئەر

6ئادىن جەمەتىدىن يوناتاننىڭ ئوغلى ئەبىد ۋە 50 ئەر

7ئېلام جەمەتىدىن ئاتاليانىڭ ئوغلى يىشايا ۋە 70 ئەر

8شىفاتيا جەمەتىدىن مىكائىلنىڭ ئوغلى زىباديا ۋە 80 ئەر

9يوئاب جەمەتىدىن يىخىئېلنىڭ ئوغلى ئوباديا ۋە 218 ئەر

10بانى جەمەتىدىن يوسىفيانىڭ ئوغلى شىلومىت ۋە 160 ئەر

11بېباي جەمەتىدىن بېباينىڭ ئوغلى زىكىرىيا ۋە 28 ئەر

12ئازگاد جەمەتىدىن ھاققاتان ئوغلى يوخانان ۋە 110 ئەر

13ۋاقچىرەك قايتىپ كەلگەن ئادونىقام جەمەتىدىن ئەلىفەلەت، يىئۇئېل، شىمايا ۋە 60 ئەر

14بىگۋاي جەمەتىدىن ئۇتاي، زاككۇر ۋە 70 ئەر.

ئەزرانىڭ يېرۇسالېمغا بېرىشى

15مەن بارلىق خەلقنى ئاھاۋاغا قاراپ ئاقىدىغان دەريانىڭ بويىغا جەم قىلدىم ۋە ئۇ يەردە ئۈچ كۈن قارارگاھ قۇردۇق. مەن روھانىيلار ۋە قالغان خەلقنى تەكشۈرگىنىمدە، لاۋىيلارنىڭ يوقلۇقىنى بايقىدىم.
16شۇڭا يۇرت باشلىرىدىن ئەلىئەزەر، ئارىئېل، شىمايا، ئەلناتان، يارىب، ئەلناتان، ناتان، زىكىرىيا ۋە مىشۇللاملارنى ھەم ئاقىلانە ئۇستازلاردىن يويارىب ۋە ئەلناتانلارنى چاقىرىپ،
17ئۇلارنى كاسىفيا دېگەن جايدىكى لاۋىيلارنىڭ بېشى ئىددونىڭ يېنىغا ئەۋەتتىم. مەن ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ئىددو ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن، يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىدا خۇدانىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا ئادەم ئەۋەتىپ بېرىشنى سورىدىم.
18خۇدا ماڭا يار بولۇپ، بىزگە شېرېبىيا ئىسىملىك ئەقىل-ئىدراكلىق بىر كىشىنى ئەۋەتتى. ئۇ ماخلى جەمەتىدىن بولغان لاۋىيلاردىن ئىدى، ئۇنىڭ ئوغوللىرى ۋە ئەر قېرىنداشلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي ئون سەككىز كىشى كەلدى.
19ئۇلار يەنە مىرارى جەمەتىدىن خاشابيا ۋە يىشايا ھەم ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئەر قېرىنداشلىرىدىن يىگىرمە كىشىنى ئەۋەتتى.
20ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە 220 نەپەر ئىبادەتخانا خىزمەتكارى قېتىلىپ كەلدى. بۇ كىشىلەرنىڭ ئەجدادلىرىنى داۋۇت پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى لاۋىيلارغا ياردەم بېرىشكە تەيىنلىگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى تىزىملىكتە بىر-بىرلەپ پۈتۈلگەنىدى.

21ئاھاۋا دەرياسىنىڭ بويىدا مەن جامائەتكە روزا تۇتۇشنى جاكارلاپ، ئۇلارنىڭ خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا كەمتەر بولۇپ، خۇدادىن بىز، بالىلىرىمىز ۋە بارلىق مال-مۈلكىمىز ئۈچۈن بىخەتەر سەپەر تىلىدىم.
22پادىشاھتىن سەپەردە بىزنى دۈشمەندىن قوغداشقا پىيادە ۋە ئاتلىق ئەسكەرلەرنى سوراش مەن ئۈچۈن بىر نومۇس ئىش ئىدى. چۈنكى مەن پادىشاھقا: «خۇدايىمىز ئۇنىڭغا تايانغانلارغا يار بولىدۇ، لېكىن ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەنلەرگە غەزەب ياغدۇرىدۇ» دېگەنىدىم.
23شۇڭا بىز روزا تۇتۇپ، خۇدانىڭ بىزنى قوغدىشىغا دۇئا قىلدۇق. خۇدا دۇئايىمىزنى ئىجابەت قىلدى.

24روھانىي باشلىقلار ئارىسىدىن شېرېبىيا، خاشابيا ۋە ئۇلارنىڭ ئون تۇغقىنىنى تاللىدىم.
25ئاندىن پادىشاھ، ئۇنىڭ مەسلىھەتچى ھەم ئەمەلدارلىرى ۋە بارلىق ئىسرائىللار ئىبادەتخانىغا تەقدىم قىلغان ئالتۇن-كۈمۈش ۋە قاچا-قۇچىلارنىڭ ئېغىرلىقىنى تارتىپ ئۇلارغا تاپشۇردۇم.
26مەن تاپشۇرغان نەرسىلەر تۆۋەندىكىچە:


22 توننا كۈمۈش

كۈمۈش قاچا-قۇچىلار (جەمئىي 3400 كىلو)

3400 كىلو ئالتۇن

2720 دانە ئالتۇن قاچا (8 كىلو 400 گرام)

2 دانە ئېسىل، پارقىراق تۇچ قاچا (قىممىتى ئالتۇن بىلەن باراۋەر)


28مەن ئۇلارغا:

_ سىلەر ۋە قاچا-قۇچىلار پەرۋەردىگارغا ئاتالغان. ئالتۇن-كۈمۈش بولسا پەرۋەردىگار، يەنى ئەجدادلىرىڭلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا بېغىشلانغان خالىس ھەدىيىدۇر.
29سىلەر يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىنىڭ ئامبارلىرىغا يېتىپ بارغۇچە، ئۇلارغا ياخشى قاراڭلار. سىلەر روھانىي باشلىقلار، لاۋىيلار ۋە ئىسرائىللارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى ئالدىدا ئېغىرلىقىنى تارتىپ ئۆتكۈزۈپ بېرىڭلار، _ دېدىم.

30شۇنىڭ بىلەن روھانىيلار ھەم لاۋىيلار بۇ ئالتۇن-كۈمۈش ۋە قاچا-قۇچىلارنى خۇدايىمىزنىڭ يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىسىغا ئېلىپ بېرىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالدى.

31بىز 1-ئاينىڭ 12-كۈنى* ئاھاۋا دەرياسىدىن يېرۇسالېمغا قاراپ يولغا چىقتۇق. سەپىرىمىزدە خۇدايىمىز بىزگە يار بولۇپ، بىزنى دۈشمەن ۋە قاراقچىلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىدى.
32يېرۇسالېمغا يېتىپ بېرىپ، ئۈچ كۈن دەم ئالدۇق.
33تۆتىنچى كۈنى ئىبادەتخانىغا بېرىپ، ئالتۇن-كۈمۈش ۋە قاچا-قۇچىلارنىڭ ئېغىرلىقىنى تارتىپ، ئۇرىيانىڭ ئوغلى مىرېموت روھانىيغا تاپشۇرۇپ بەردۇق. مىرېموت روھانىينىڭ يېنىدا پىنىخاسنىڭ ئوغلى ئەلئازار، لاۋىيلاردىن يېشۇۋانىڭ ئوغلى يوزاباد ۋە بىننۇينىڭ ئوغلى نوئاديادىنلار بار ئىدى.
34ھەممە نەرسىلەرنى ساناپ، تارازىدىن ئۆتكۈزۈپ خاتىرىگە ئالدۇق.

35قايتىپ كەلگەن ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى قىلدى. ئۇلار بارلىق ئىسرائىللار ئۈچۈن 12 تورپاق، توقسان 96 قوچقار، 77 پاقلان ۋە گۇناھ كەچۈرۈلۈش قۇربانلىقى ئۈچۈن 12 تېكە قۇربانلىق قىلدى. بۇ ماللارنىڭ ھەممىسى قۇربانلىق ئۈچۈن كۆيدۈرۈلۈپ، پەرۋەردىگارغا سۇنۇلدى.
36ئۇلار يەنە پادىشاھ ئۆزلىرىگە ھاۋالە قىلغان مەكتۇپنى فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكە باشلىقلىرى بىلەن ئەمەلدارلارغا يەتكۈزۈپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىسرائىل خەلقى ۋە خۇداغا بېغىشلانغان ئىبادەتخانىغا ياردەمدە بولدى.



*31ھازىرقى زامان كالېندارى بويىچە 4-ئاينىڭ 19-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.



 

9

ئىسرائىللارنىڭ يەرلىك خەلقلەر بىلەن نىكاھلىنىش مەسىلىسى

1بۇ ئىشلار ئۆتۈپ، بەزى يەھۇدىي ئەمەلدارلار ماڭا كېلىپ:

_ بەزى ئىسرائىللار، جۈملىدىن ئۇلار ئارىسدىكى بەزى روھانىيلار ۋە لاۋىيلارمۇ يەرلىك خەلقلەردىن، يەنى كەنئانلار، خىتلار، پەرىززىلەر، يىبۇسلار، ئاممونلار، موئابلار، مىسىرلىقلار، ئامورلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ يىرگىنچلىك ئىشلىرىدىن ئۆزلىرىنى نېرى تۇتمىدى.
2ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرى يەرلىك خەلقلەرنىڭ قىزلىرىدىن ئۆيلىنىپ، خۇدانىڭ مۇقەددەس ئىرقىنى بۇلغىدى. بۇ ساداقەتسىز ئىشتا ئەڭ يامىنى ئەمەلدارلار بىلەن باشلىقلار باشلامچى گۇناھكار! _ دېدى.

3مەن بۇ ئىشنى ئاڭلىغان ھامان، چاپان-چارامنى يىرتىپ، چاچ-ساقاللىرىمنى يۇلۇپ، چۆچۈگەن ھالدا تاڭ قېتىپ ئولتۇرۇپ قالدىم.
4تاڭ قېتىپ ئولتۇرۇپ قېلىشىم تاكى كەچلىك قۇربانلىقنى سۇنغۇچە بولدى. ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ سۆزىدە چىڭ تۇرىدىغان كىشىلەر باشقا سۈرگۈنلەرنىڭ ساداقەتسىزلىكلىرىنى ئاڭلاپ، تىترىگەن ھالدا ئەتراپىمغا ئولىشىۋالدى.

5كەچلىك قۇربانلىق سۇنىدىغان چاغدا، مەن قايغۇ-ھەسرەت ئىچىدە چاپان-چارىلىرىم يىرتىق ھالدا ئورنۇمدىن تۇردۇم. ئاندىن تىزلىنىپ تۇرۇپ قوللىرىمنى پەرۋەردىگار خۇدايىمغا كۆتۈرۈپ
6دۇئا قىلدىم:

«ئى خۇدا، ھەقىقەتەن خىجالەتمەن! سېنىڭ ئالدىڭدا ئۇيالغىنىمدىن يۈزۈمنى كۆتۈرەلمەيمەن. بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئاسمانغا تاقاشتى، جىنايەتلىرىمىز چېكىگە يەتتى.
7ئەجدادلىرىمىز زامانىدىن ھازىرغىچە ئېغىر گۇناھ ئىچىدە ئۆتتۇق. شۇ ۋەجىدىن بىز، پادىشاھلىرىمىز ۋە روھانىيلىرىمىز ياقا-يۇرتلۇق پادىشاھلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ، قىرغىن، تۇتقۇن، تالان-تاراج قىلىنغان ۋە خورلانغانىدۇق. بۈگۈنكى كۈندە يەنىلا شۇنداق بولماقتىمىز.

8بىراق ھازىر پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بىزگە قىسقا ۋاقىت مېھىر-شەپقەت قىلىپ، ئاز بىر قىسمىمىزنى سۈرگۈندىن قۇتقۇزۇپ، بۇ مۇقەددەس ماكاندا ئامان-ئېسەن ياشاتتى. ئۇ بىزلەرگە ئۈمىد ئاتا قىلىپ، قۇللۇقىمىزدا بىزگە بىرئاز ئاراملىق بەردى.
9بىز قۇل ئىدۇق، بىراق ئۇ بىزنى قۇللۇقتا تاشلاپ قويمىدى. ئۇ بىزگە پېرسىيە پادىشاھلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا مەڭگۈلۈك مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، يېڭى ھاياتلىق بەردى، خۇدايىمىزنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قايتىدىن بىنا قىلدۇردى ھەمدە خارابىلىكلەرنى تۈزەتتى. بىزلەرنى يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمدا قوغداپ قالدى.

10ئى خۇدايىمىز! بىراق ئەمدى بىز بۇنىڭغا نېمە دېيەلەيمىز؟ سېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىڭغا يەنە ئىتائەت قىلمىدۇق.
11خىزمەتكارىڭ پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق قىلغان ئەمرلىرىڭگە خىلاپلىق قىلدۇق. ئۇلار بىزگە: «سىلەر بېرىپ ئىگە بولىدىغان يەر، يەرلىك ئاھالىنىڭ ناپاك قىلمىشلىرى بىلەن بۇلغانغان. ئۇلارنىڭ يىرگىنچلىك ئىپلاسلىقلىرى ئۇ يەرنىڭ ھەممە بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغا تولغان.
12ئۇ كىشىلەر بىلەن ھەرگىز نىكاھلانماڭلار ۋە ئۇلارنىڭ ئامانلىقى ياكى روناق تېپىشىنى ئىزدەنمەڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، سىلەر كۈچىيىسىلەر، بۇ زېمىننىڭ ھوسۇللىرىدىن بەھرىمەن بولىسىلەر ھەمدە بۇ يەرنى ئەۋلادلىرىڭلارغا مەڭگۈ مىراس قالدۇرىسىلەر.

13بېشىمىزغا كەلگەن ھەممە ئىش بىزنىڭ رەزىللىك ۋە سەۋەنلىكلىرىمىزدىن بولدى. شۇنداقتىمۇ، ئى خۇدايىمىز، بىزگە بەرگەن جازايىڭ يەنىلا يەڭگىل بولۇپ، ئايرىملىرىمىزنى يەنىلا ئامان قالدۇردۇڭ.
14بىز ئەمدى قانداقمۇ سېنىڭ ئەمرلىرىڭگە خىلاپلىق قىلىپ، بۇ يىرگىنچلىك كىشىلەر بىلەن نىكاھلىنايلى؟ ئەگەر شۇنداق قىلساق، جەزمەن غەزىپىڭنى قوزغاپ، بىرىمىزنىمۇ قويماي ھالاك قىلمامسەن؟
15ئى پەرۋەردىگار، ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، سەن ھەققانىيدۇرسەن! ئايرىملىرىمىز قۇتۇلغان بولساقمۇ، ئەمما بۈگۈنكى كۈندە ئاز قالدۇق. لېكىن بىزگە باقساڭ، بىز ھەممىمىز ئالدىڭدا گۇناھكارمىز. شۇ ۋەجىدىن ھېچكىم سېنىڭ ھۇزۇرۇڭدا بولالمايدۇ.»


10

توۋا قىلىش

1ئەزرا ئىبادەتخانا ئالدىدا يۈزىنى يەرگە يېقىپ، يىغا-زار بىلەن دۇئا قىلىپ، گۇناھلار ئۈچۈن توۋا قىلىۋاتقىنىدا، زور بىر توپ ئىسرائىللار، جۈملىدىن ئەر-ئايال ۋە بالىلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ، ھەسرەتلىك يىغلاشتى.
2ئېلام جەمەتىدىن يىخىئېلنىڭ ئوغلى شېكانيا ئەزراغا:

_ بىز يەرلىكلەردىن بولغان يات خەلقلەردىن خوتۇن ئېلىپ، خۇدايىمىزغا ساداقەتسىزلىك قىلدۇق. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، ئىسرائىلىيەدە يەنە ئۈمىد بار.
3شۇڭا بىز بۇ خوتۇنلار ۋە ئۇلاردىن بولغان بالىلاردىن ۋاز كېچىمىز دەپ، خۇدايىمىزغا قەسەم بېرىشىمىز كېرەك. بىز سېنىڭ ۋە خۇدايىمىزنىڭ ئەمرىگە بويسۇنىدىغان كىشىلەرنىڭ نەسىھەتلىرى بويىچە مېڭىپ، بۇنى خۇدانىڭ قانۇنىغا بىنائەن ئورۇندايمىز.
4ئورنۇڭدىن تۇر! سەن بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىشتا ھوقۇقلۇق، بىز سېنى قوللايمىز. سەن جۈرئەتچان بولۇپ، بۇ ئىشنى ئىشقا ئاشۇر! _ دېدى.

5شۇنىڭ بىلەن ئەزرا ئورنىدىن تۇرۇپ، روھانىي باشلىقلار، لاۋىيلار ۋە قالغان بارلىق ئىسرائىل خەلقىنى بۇ تەكلىپ بويىچە ئىش كۆرۈشكە قەسەم قىلدۇردى. ئۇلار شۇ بويىچە ئىش كۆردى.
6ئاندىن ئەزرا ئىبادەتخانا ئالدىدىن ئايرىلىپ، ئەلياشىبنىڭ ئوغلى يىھوخاناننىڭ ھۇجرىسىغا كىردى. ئۇ ئۇ يەردە قايتىپ كەلگەن سۈرگۈنلەرنىڭ ساداقەتسىزلىكى ئۈچۈن بىر كېچە يېمەي-ئىچمەي ھەسرەت چەكتى.

7كېيىن يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا جايلىرىغا سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەن ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنىڭ يېرۇسالېمغا جەم بولۇشى توغرىسىدا مۇنداق ئەمر چۈشۈرۈلدى:
8«كىمكى ئۈچ كۈن ئىچىدە يېرۇسالېمغا يېتىپ كەلمىسە، ئەمەلدار ۋە ئاقساقاللارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىپ، جامائەتنىڭ ئەزاسى بولالمايدۇ.»

9ئۈچ كۈن ئىچىدە بارلىق يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىسىدىكىلەر يېرۇسالېمغا جەم بولدى. 9-ئاينىڭ 20-كۈنى، بارلىق خەلق ئىبادەتخانا ئالدىدىكى مەيداندىن ئورۇن ئالدى. قاتتىق يامغۇر ۋە بۇ ئىشنىڭ جىددىيلىكى سەۋەبىدىن ھەممە ئادەمنى تىترەك باستى.
10ئاندىن ئەزرا روھانىي ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇلارغا:

_ سىلەر ساداقەتسىزلىك قىلىپ، يات خەلقلەردىن خوتۇن ئېلىپ، ئىسرائىللارنى تېخىمۇ ئېغىر گۇناھقا پاتقۇزدۇڭلار.
11ئەمدى سىلەر پەرۋەردىگار، يەنى ئەجدادلىرىڭلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا گۇناھىڭلار ئۈچۈن توۋا قىلىپ، ئۇنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئىش كۆرۈڭلار. زېمىنىمىزدا تۇرىدىغان يەرلىك خەلقلەر ۋە ياتتىن ئالغان خوتۇنلىرىڭلاردىن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈڭلار! _ دېدى.

12جامائەت يۇقىرى ئاۋازدا جاۋابەن مۇنداق دېدى:

_ توغرا ئېيتتىڭىز، دېگىنىڭىزنى بەجا كەلتۈرىمىز!
13لېكىن ئادەم كۆپ ھەم يامغۇر پەسلى، بىز سىرتتا ئۇزۇن تۇرالمايمىز. بۇ بىر-ئىككى كۈندە پۈتىدىغان ئىش ئەمەس. چۈنكى بۇ گۇناھقا پاتقان ئادەملەر ناھايىتى كۆپ.
14ئەمەلدارلىرىمىز بىزگە ۋەكىل بولسۇن. يات خەلقلەردىن خوتۇن ئالغان كىشىلەر بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئۆز شەھىرىنىڭ ئاقساقال ۋە سوراقچىلىرى بىلەن بىللە بۇ يەرگە كەلسۇن. شۇنداق قىلغاندا خۇدايىمىزنىڭ بۇ ئىشقا بولغان غەزىپى پەسىيىپ قالار.

15پەقەت ئاسائېلنىڭ ئوغلى يوناتان بىلەن تىقۋاھنىڭ ئوغلى ياخزىيا بۇنىڭغا قارشى چىقتى. ئۇلارنى مىشۇللام بىلەن لاۋىيلاردىن شاببىتاي قوللىدى.
16قالغانلار بۇ مەسلىھەتنى قوبۇل قىلدى. شۇڭا ئەزرا روھانىي ھەر جەمەت باشلىقلىرى ئارىسىدىن كىشىلەرنى تاللاپ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى خاتىرىلىۋالدى. 10-ئاينىڭ 1-كۈنى
بۇ كىشىلەر جەم بولۇپ تەكشۈرۈشنى باشلىدى.
17ئۇلار 1-ئاينىڭ 1-كۈنى
يات خەلقلەردىن خوتۇن ئالغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئېنىقلاپ بولدى.

يات خەلقلەردىن خوتۇن ئالغان كىشىلەر

18يات خەلقلەردىن خوتۇن ئالغان روھانىيلار جەمەتىنىڭ ئىسىملىكى تۆۋەندىكىچە:

يوزاداقنىڭ ئوغلى يېشۇۋا ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ جەمەتىدىن: مائاسېيا، ئەلىئەزەر، يارىب ۋە گىداليا.
19ئۇلار خوتۇنلىرىنى قويۇپ بېرىشكە قەسەم قىلىپ، گۇناھى ئۈچۈن ئەيىب قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر قوچقارنى ھەدىيە قىلدى.

20ئىممېر جەمەتىدىن خانانى ۋە زىباديا

21خارىم جەمەتىدىن مائاسېيا، ئىلياس، شىمايا، يىخىئېل ۋە ئۇززىيا

22پاشخۇر جەمەتىدىن ئەليوئېناي، مائاسېيا، ئىسمائىل، نىتانئېل، يوزاباد ۋە ئەلئاسا

23لاۋىيلاردىن يوزاباد، شىمئى، قېلايا (قىلىتا دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، پىتاخيا، يەھۇدا ۋە ئەلىئەزەر

24ئىبادەتخانا مۇناجاتچىلىرىدىن ئەلياشىب

ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرىدىن شاللۇم، تەلەم ۋە ئۇرى

25باشقا ئىسرائىللاردىن:

پارئوش جەمەتىدىن رامىيا، يىزىيا، مالكىيا، مىيامىن، ئەلئازار، مالكىيا ۋە بىنايا

26ئېلام جەمەتىدىن ماتتانيا، زىكىرىيا، يىخىئېل، ئابدى، يىرېموت ۋە ئىلياس

27زاتتۇ جەمەتىدىن ئەليوئېناي، ئەلياشىب، ماتتانيا، يىرېموت، زاباد ۋە ئازىزا

28بېباي جەمەتىدىن يىھوخانان، خانانيا، زابباي، ئاتلاي

29بانى جەمەتىدىن مىشۇللام، ماللۇك، ئادايا، ياشۇب، شىئال، يىراموت

30پاخات-موئاب جەمەتىدىن ئادنا، كىلال، بىنايا، مائاسېيا، ماتتانيا، بىزالئېل، بىننۇي ۋە ماناسسە

31خارىم جەمەتىدىن ئەلىئەزەر، يىششىيا، مالكىيا، شىمايا، شىمون،
32بىنيامىن، ماللۇك ۋە شىماريا

33خاشۇم جەمەتىدىن ماتتىناي، ماتتاتتا، زاباد، ئەلىفەلەت، يىرېماي، ماناسسە ۋە شىمئى

34بانى جەمەتىدىن مائاداي، ئامرام ۋە ئۇئېل،
35بىنايا، بېدياھ، كىلۇھى،
36ۋانياھ، مىرېموت، ئەلياشىب،
37ماتتانيا، ماتتىناي ۋە يائاساي

38بىننۇي جەمەتىدىن شىمئى،
39شەلەميا، ناتان، ئادايا،
40ماكنادبا، شاشاي، شاراي،
41ئازارئېل، شەلەميا، شىماريا،
42شاللۇم، ئاماريا ۋە يۈسۈپ

43نىبو جەمەتىدىن يىئىئېل، ماتتىتيا، زاباد، زىبىنا، يادداي، يوئېل ۋە بىنايا.

44مانا بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى يات خەلقلەردىن خوتۇن ئالغان، بەزىلىرى بۇ خوتۇنلاردىن بالىمۇ تاپقان.



*9ھازىرقى زامان كالېندارى بويىچە 12-ئاينىڭ 19-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.

*16ھازىرقى زامان كالېندارى بويىچە 12-ئاينىڭ 29-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.

*17ھازىرقى زامان كالېندارى بويىچە 3-ئاينىڭ 27-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.