ئەستىر


1

پادىشاھ ئاھاشۋىرۇشنىڭ ۋاشتىنى خانىشلىقتىن قالدۇرۇشى

1-2تۆۋەندىكى ۋەقە پادىشاھ ئاھاشۋىرۇش زامانىدا يۈز بەرگەن. ئاھاشۋىرۇش سۇزا قەلئەسىدىكى تەختىدە ئولتۇرۇپ، ھىندىستاندىن مىسىرنىڭ نېرىسىغىچە بولغان بىر يۈز يىگىرمە يەتتە ئۆلكىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغانىدى.

3ئۇ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئۈچىنچى يىلىدا بارلىق ئالىي ئەمەلدارلىرى بىلەن بەگلىرىگە بىر كاتتا زىياپەت بەردى. زىياپەتكە پېرسىيە بىلەن مېدىيانىڭ سەركەردىلىرى، ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى يۇقىرى تەبىقىدىكىلەر ۋە ئالىي ئەمەلدارلار كېلىپ قاتناشتى.

4زىياپەت ئالتە ئاي داۋاملاشتى. پادىشاھ بۇ جەرياندا ئۇلارغا ئۆز ئىمپېرىيىسىنىڭ بايلىقى ۋە ئۆزىنىڭ شان-شەرىپىنى نامايان قىلدى.

5ئارقىدىنلا پادىشاھ يەنە سۇزا قەلئەسىدىكى پۈتۈن كىشىلەرگە، مەرتىۋىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىگە قارىماي، ئوردا گۈلزارلىقىدا يەتتە كۈن زىياپەت بەردى.

6مەزكۇر گۈلزارلىق ئاق ۋە كۆك كەندىر رەختتىن تىكىلگەن پەردىلەر بىلەن بېزەلگەن بولۇپ، بۇ پەردىلەر مەرمەر تاش تۈۋرۈكلەردىكى كۈمۈش ھالقىلارغا سۆسۈن رەڭلىك كەندىر رەخت بىلەن چېكىلگەنىدى. مەرمەر تاش، سەدەپ ۋە تۈرلۈك رەڭلىك تاشلار ياتقۇزۇلغان يەرنىڭ ئۈستىگە ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسالغان يۆلەنچۈكلۈك ئۇزۇن ئورۇندۇقلار قويۇلغانىدى.

7شارابلار بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئالتۇن قەدەھلەرگە قۇيۇلغان بولۇپ، پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئوردىدىكى شارابلار مەردلەرچە تەمىنلەندى.

8پادىشاھ ئوردا خىزمەتكارلىرىغا ھەممەيلەننىڭ خالىغانچە شاراب ئىچىشىگە يول قويۇشلىرىنى، ئەمما ھېچكىمگە زورلىماسلىقلىرىنى بۇيرۇدى.

9شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خانىش ۋاشتى پادىشاھ ئاھاشۋىرۇشنىڭ ئوردىسىدا ئاياللار ئۈچۈن ھەم زىياپەت بەردى.

10كاتتا زىياپەتنىڭ يەتتىنچى كۈنى پادىشاھ شارابتىن كەيپى چاغ بولغىنىدا، ھۇزۇرىدا خىزمەت قىلىدىغان يەتتە ھەرەمئاغىسىنى* يەنى مەھۇمان، بىزتا، ھاربونا، بىغتا، ئاباغتا، زەتار، كەركەسلەرنى

11خانىش ۋاشتىغا خانىشلىق تاجىنى كىيدۈرۈپ، ھۇزۇرىغا تەكلىپ قىلىپ كېلىشلىرىنى بۇيرۇدى. خانىش ئىنتايىن چىرايلىق ئايال بولغاچقا، پادىشاھ ئالىي ئەمەلدارلىرى بىلەن بارلىق زىياپەت ئەھلىگە ئۇنىڭ گۈزەل جامالىنى كۆرسەتمەكچىدى.

12لېكىن ھەرەمئاغىلىرى خانىش ۋاشتىغا پادىشاھنىڭ ئەمرىنى يەتكۈزگەندە، ئۇ بېرىشنى رەت قىلدى. بۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئىنتايىن خاپا بولۇپ، غەزىپى ئۆرلەپ كەتتى.

13ئاشۇ ۋاقىتتىكى پادىشاھلارنىڭ قائىدىسى بويىچە پادىشاھ مەلۇم مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەندە، قانۇن ۋە تەرتىپ-ئىنتىزامنى ياخشى بىلىدىغانلارنىڭ مەسلىھىتىنى ئالاتتى، شۇڭا پادىشاھ ئۆز زامانىنىڭ تاكامۇللاشقان ئاقىللىرىدىن مەسلىھەت سورىدى.

14ئاقىللاردىن ئۇنىڭ يېقىنلىرى كارشىنا، شەتار، ئادماتا، تارشىش، مەرەس، مارسىنا ۋە مەمۇخانلار ئىدى. ئۇلار پېرسىيە ۋە مېدىيادىكى يەتتە ئالىي ئەمەلدار بولۇپ، پادىشاھ بىلەن دائىم كۆرۈشەلەيدىغان ۋە ئىمپېرىيىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان كىشىلەر ئىدى.

15پادىشاھ ئۇلاردىن:

_ مەنكى پادىشاھ ئاھاشۋىرۇش ھەرەمئاغىسىنى ئەۋەتىپ، خانىش ۋاشتىغا ئەمر يەتكۈزگەنىدىم. لېكىن، ئۇ ئەمرىمنى بەجا كەلتۈرمىدى. قانۇن بويىچە ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟ _ دەپ سورىدى.

16مەمۇقان بۇنىڭغا جاۋابەن پادىشاھ ۋە باشقا ئالىي ئەمەلدارلارغا مۇنداق دېدى:

_ خانىش ۋاشتى پادىشاھنىڭ ئالدىدا ئەمەس، بەلكى پادىشاھنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى ئالىي ئەمەلدارلىرىنىڭ شۇنداقلا پۈتكۈل خەلقلەرنىڭ ئالدىدىمۇ خاتالىق ئۆتكۈزۈپتۇ!

17چۈنكى خانىشنىڭ قىلغان بۇ ئىشى ئىمپېرىيىمىزدىكى ھەممە ئاياللارنىڭ ئارىسىغا تارقىلىشى بىلەنلا بۇ ئىش ئۇلارنىڭ ئۆز ئەرلىرىنى كۆزىگە ئىلماسلىقىغا سەۋەب بولىدۇ. ئۇلار: »پادىشاھ ئاھاشۋىرۇش خانىش ۋاشتىنى ھۇزۇرىغا تەكلىپ قىلغانىكەن، ئەمما ئۇ بېرىشنى رەت قىلىپتۇ» دېيىشىدۇ.

18پېرسىيە ۋە مېدىيادىكى ئەمەلدارلارنىڭ خانىملىرى خانىشنىڭ بۇ ئىشىنى ئاڭلىغان ھامان ئەرلىرىگە شۇنداق مۇئامىلە قىلىشقا باشلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئائىلىدە مەنسىتمەسلىك بىلەن خاپىلىق ئۈزۈلمەيدۇ.

19ئەگەر ئالىيلىرى خالىسىلا، بۇنىڭدىن كېيىن ۋاشتى پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلمىسۇن، دەپ ئەمر چۈشۈرگەيلا ۋە بۇ ئەمرنى يازدۇرۇپ، پېرسىيە بىلەن مېدىيانىڭ قانۇنىغا ئۆزگەرمەس قىلىپ كىرگۈزگەيلا ۋە ئالىيلىرى ئۇنىڭ خانىشلىق ئورنىنى ئۇنىڭدىن ياخشىراق بىرسىگە بەرگەيلا.

20پادىشاھ ئەمرى كاتتا ئىمپېرىيىلىرىنىڭ ھەممە جايلىرىغا جاكارلانغاندىن كېيىن، ھەممە ئاياللار ئۆز ئەرلىرىنىڭ مەرتىۋىسىنىڭ بار يوقلۇقىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنى ھۆرمەت قىلىدىغان بولىدۇ، _ دېدى.

21پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئالىي ئەمەلدارلىرى بۇ پىكىرنى توغرا تاپتى، شۇڭا پادىشاھ مەمۇقاننىڭ تەكلىپى بويىچە ئىش كۆردى.

22پادىشاھ ھەربىر ئۆلكە خەلقىنىڭ ئۆز تىل-يېزىقىدا ئىمپېرىيىنىڭ ھەممە جايلىرىغا: «ھەربىر ئەر ئۆز ئائىلىسىنىڭ خوجايىنىدۇر» دەپ ھۆكۈم چۈشۈردى.



*10ھەرەمئاغىلىرى ئوردىدىكى نۇرغۇن ئىشلاردا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان خىزمەتچىلەر بولۇپ، كۆپ ھاللاردا ئۇلار ئوردا توقاللىرىنى باشقۇرۇش ئىشىغا مەسئۇل بولاتتى. ئۇلار پىچىۋېتىلگەن ئەرلەر بولۇپ، قىزلارغا چېقىلمايتتى ۋە پەرزەنتمۇ قالدۇرالمايتتى.



 

2

ئەستىرنىڭ خانىش بولۇشى

1پادىشاھ ئاھاشۋىرۇشنىڭ غەزىپى قايتقاندىن كېيىن، ۋاشتى ۋە ئۇنىڭ قىلغانلىرى ھەم ئۇنىڭ ئۈستىدىن چىقىرىلغان ئۆز يارلىقى ھەققىدە ئويلايدىغان بولدى.

2پادىشاھنىڭ مەخسۇس غۇلاملىرى پادىشاھقا:

_ ئالىيلىرى ئۈچۈن ياش ۋە چىرايلىق قىزلار تېپىپ كەلتۈرۈلسۇن.

3بۇ چىرايلىق قىزلارنى سۇزا قەلئەسىدىكى ھەرەمخانىغا يىغىپ كېلىش ئۈچۈن ئىمپېرىيىلىرىنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىگە ئەمەلدارلار تەيىنلەنسۇن. قىزلار ئوردا توقاللىرىغا مەسئۇل ھەرەمئاغىسى ھېگاينىڭ باشقۇرۇشىدا بولسۇن ۋە پەدەز مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەنسۇن.

4ئاندىن ئۆزلىرىگە ياققان قىز ۋاشتىنىڭ ئورنىغا خانىش بولسۇن، _ دەپ تەكلىپ بەردى. بۇ تەكلىپ پادىشاھقا ياققاچقا، ئۇ شۇنداق قىلدى.

5سۇزا قەلئەسىدە موردىكاي ئىسىملىك بىر يەھۇدىي بولۇپ، ئۇ بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان يائىرنىڭ ئوغلى ئىدى. يائىر شىمەينىڭ ئوغلى، شىمەي بولسا كىشنىڭ ئوغلى ئىدى.

6بابىل پادىشاھى نەبۇكەدنەسەر يېرۇسالېمدىن يەھۇدىيە پادىشاھى يەكونيەنى بىر توپ ئادەملەر بىلەن بىللە ئەسىر قىلىپ ئېلىپ كەلگەندە، كىشمۇ شۇلارنىڭ ئىچىدە ئىدى.

7موردىكاينىڭ ئەستىر ئىسىملىك بىر نەۋرە سىڭلىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىبرانىيچە ئىسمى ھاداسا ئىدى. ئۇ بىر گۈزەل، كېلىشكەن قىز بولۇپ، ئاتا-ئانىسى تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن موردىكاي ئۇنى ئۆز قىزى قىلىپ بېقىۋېلىپ، چوڭ قىلغانىدى.

8پادىشاھنىڭ پەرمانى بىلەن نۇرغۇن قىزلار سۇزا قەلئەسىدىكى ھەرەمخانىغا كەلتۈرۈلگەندە، ئەستىرمۇ ئوردىدىكى قىزلارغا مەسئۇل ھېگايغا تاپشۇرۇلدى.

9ئەستىر ھېگايغا ياقتى. ھېگاي ئۇنىڭغا ئىلتىپات قىلىپ، دەرھال ئۇنى پەرداز مۇلازىمىتى ۋە ئالاھىدە يېمەكلىكلەر بىلەن تەمىنلىدى. شۇنداقلا ئۇ ئوردىدىن يەتتە كېنىزەكنى ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا تاللاپ، ئەستىر ۋە ئۇلارغا ھەرەمخانىدىن ئەڭ ياخشى جاينى بەردى.

10ئەستىر ئۆز خەلقى ۋە ئۇرۇق-ئەجدادى ھەققىدە ھېچكىمگە ھېچنېمە ئېيتمىدى، چۈنكى موردىكاي ئۇنىڭغا بۇ توغرىسىدا ئېغىز ئاچماسلىقنى بۇيرۇغانىدى.

11موردىكاي ئەستىرنىڭ ھال-ئەھۋالىدىن خەۋەر ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، ھەر كۈنى ھەرەمخانا ھويلىسىنىڭ ئەتراپىدا مېڭىپ يۈردى.

12رەسمىيەت بويىچە ھەربىر ياش قىز پادىشاھ ئاھاشۋىرۇشنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىش ئۈچۈن، ئۆز نۆۋىتى كېلىشتىن بۇرۇن ئالتە ئاي مۇرمەككى يېغى بىلەن، ئالتە ئاي خۇش پۇراق ئەتىر ۋە مايلار بىلەن جەمئىي ئون ئىككى ئاي پەرداز قىلىنىشى كېرەك ئىدى.

13قىز پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرگەندە، ھەرەمخانىدىن ئوردىغا نېمىنى ئېلىپ كېتىشنى خالىسا، ئۇنىڭغا شۇ نەرسىلەر بېرىلەتتى.

14كەچقۇرۇن پادىشاھ ھۇزۇرىغا كىرگەن قىز ئەتىسى ئەتىگەندە ئوردىدىكى ھەرەمخانىنىڭ باشقا بىر بۆلۈمىگە ئەۋەتىلەتتى. ئۇ ھەرەمخانا توقاللارنى باشقۇرغۇچى ھەرەمئاغىسى شائاشغاز نازارىتى ئاستىدا ئىدى. پەقەت پادىشاھقا ياققان، ئىسمى ئاتاپ چاقىرىلغان قىزلا قايتىدىن ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا كىرەلەيتتى.

15ئەستىر يەنى ئابىھائىلنىڭ قىزى (موردىكاي بېقىۋالغان ئۆزىنىڭ بىر نەۋرە سىڭلىسى) نىڭ پادىشاھ ھۇزۇرىغا كىرىش نۆۋىتى كەلگەندە، ھەرەمئاغىسى ھېگاي ئۇنىڭغا نېمىنى ئېلىش ھەققىدە تەكلىپ بەرگەن بولسا، شۇنى ئالدى ۋە باشقا ھېچ نەرسە سورىمىدى. ئەستىرنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنى ياقتۇرۇپ قالاتتى.

16شۇنداق قىلىپ ئاھاشۋىرۇش ئىمپېرىيىسىنىڭ يەتتىنچى يىلى، ئونىنچى ئايدا* يەنى تەبەت ئېيىدا ئەستىر پادىشاھ ئاھاشۋىرۇشنىڭ ئوردىسىغا كەلتۈرۈلدى.

17پادىشاھ ئەستىرنى بارلىق ئاياللاردىن ياخشى كۆردى. ئۇ پادىشاھنىڭ ئىلتىپاتى ۋە ئامراقلىقىغا بارچە قىزلاردىن ئارتۇق سازاۋەر بولغاچقا، پادىشاھ ئۇنىڭ بېشىغا خانىشلىق تاجىنى كىيدۈرۈپ، ۋاشتىنىڭ ئورنىغا خانىش قىلدى.

18كەينىدىن، پادىشاھ ھەممە ئالىي ئەمەلدارلىرى ۋە بەگلىرىگە ئەستىر شەرىپى ئۈچۈن بىر كاتتا زىياپەت بەردى. ھەممە ئۆلكىلەردە بايرام ئېلان قىلىندى ۋە سېخىيلىق بىلەن ھەدىيىلەر بېرىلدى.

>موردىكاينىڭ پادىشاھنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇشى

19قىزلار ئىككىنچى قېتىم ھەرەمخانىغا يىغىلغاندا، موردىكاي ئوردىدا مەنسەپكە ئېرىشكەنىدى.

20ئەستىر موردىكاينىڭ تاپىلىشى بويىچە، ئۆزىنىڭ خەلقى ۋە ئۇرۇق-ئەجدادى ھەققىدە يەنىلا ھېچكىمگە ھېچنېمە ئېيتمىدى. ئەستىر موردىكايغا ئۇنىڭ تەربىيىسىدىكى ۋاقتىدا بويسۇنغاندەك بويسۇناتتى.

21موردىكاي ئوردىدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، ئوردا دەرۋازىسىدا كۆزەتچىلىك قىلىدىغان بىغتان ۋە تەرەش ئىسىملىك ئىككى ھەرەمئاغىسى بولۇپ، ئۇلار پادىشاھ ئاھاشۋىرۇشقا ئىنتايىن غەزەپلىنىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىشنى قەستلەپ يۈرەتتى.

22موردىكاي بۇ سۇيىقەستنى بىلىپ قېلىپ، خانىش ئەستىرگە مەلۇم قىلدى. ئەستىر بۇ ئىشنى موردىكاينىڭ نامىدا پادىشاھقا يەتكۈزدى.

23تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق بۇ ئىشنىڭ راستلىقى ئىسپاتلانغاندىن كېيىن، بۇ ئىككى كىشى دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلدى. بۇ ۋەقە ئىمپېرىيىنىڭ تەزكىرىسىگە پادىشاھنىڭ كۆز ئالدىدا يېزىپ قويۇلدى.



*     16 «ئەستىر» دە ئەگەر ئايلار نومۇر بويىچە ئېلىنغان بولسا، ئىبرانىي كالېندارىدىكى ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ئايلار ئىسمى بىلەن ئېلىنغان بولسا، پارس كالېندارىدىكى ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ. ئۇشبۇ ئايەتتىكى ۋاقىت مىلادىيە كالېندارى بويىچە تەخمىنەن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 478– يىلنىڭ ئون ئىككىنچى ئېيىغا توغرا كېلىدۇ.



 

3

ھاماننىڭ يەھۇدىيلارنىڭ نەسلىنى يوقىتىش سۇيىقەستى

1بۇ ئىشلاردىن كېيىن پادىشاھ ئاھاشۋىرۇش ئاگاگنىڭ نەسلىدىن بولغان ھاماداتانىڭ ئوغلى ھاماننىڭ ئەمىلىنى بارلىق ئەمەلدارلارنىڭكىدىن يۇقىرى ئۆستۈردى. مەرتىۋە جەھەتتە ھامان پادىشاھ ئاھاشۋىرۇشنىڭ كەينىدىلا تۇراتتى.

2ئوردىدىكى پۈتۈن ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى پادىشاھنىڭ بۇيرۇغىنىدەك ھاماننىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە، ئۇنىڭغا ئېگىلىپ تەزىم قىلىشاتتى. پەقەت موردىكايلا ئېگىلمەيتتى ھەم تەزىم قىلمايتتى.

3بۇنى كۆرگەن ئوردىدىكى باشقا ئەمەلدارلار ئۇنىڭدىن:

_ پادىشاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنمىغىنىڭىز نېمىسى؟ _ دەپ سورىدى.

4ئۇلار موردىكايغا بۇ گەپنى ھەر كۈنى دېسىمۇ، ئەمما موردىكاي ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى. موردىكاي ئۇلارغا چۈشەندۈرۈپ:

_ مەن يەھۇدىي، ھامانغا تەزىم قىلمايمەن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ھاماننىڭ موردىكاينىڭ بۇ ئىشىغا يول قويىدىغان-قويمايدىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن بۇ گەپنى ئۇنىڭغا دەپ قويدى.

5ھامان موردىكاينىڭ ئۇنىڭغا ئېگىلىپ تەزىم قىلمىغانلىقىنى كۆرۈپ ئىنتايىن غەزەپلەندى.

6ئۇ يەنە موردىكاينىڭ يەھۇدىي ئىكەنلىكىنى بىلىشى بىلەن، يالغۇز موردىكاينىڭ ئۆزىنىلا جازالاش ئازلىق قىلىدىكەن دەپ قارىدى. شۇڭا ئۇ ئاھاشۋىرۇش ئىمپېرىيىسىدىكى پۈتۈن يەھۇدىيلارنى يەنى موردىكاينىڭ ئۆز خەلقىنى قىرىپ تاشلاشنى پىلانلىدى.

7ئاھاشۋىرۇش ئىمپېرىيىسىنىڭ ئون ئىككىنچى يىلى بىرىنچى ئايدا يەنى نىسان ئېيىدا * بۇ پىلاننىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىغا بىر كۈننىڭ بەلگىلىنىشى ئۈچۈن، ھاماننىڭ ئالدىدا پۇر (چەك) تارتىلدى. پۇردا ئون ئىككىنچى ئاينىڭ يەنى ئادار ئېيىنىڭ ئون ئۈچىنچى كۈنى*، تەخمىنەن بىر يىلدىن كېيىنكى ۋاقىت چىقتى.

8ئاندىن ھامان پادىشاھ ئاھاشۋىرۇشقا:

_ ئىمپېرىيىلىرىنىڭ ھەممە ئۆلكىلىرىگە چېچىلىپ كەتكەن شۇنداقلا ئۆم ياشايدىغان بىر خەلق بار. ئۇلارنىڭ قانۇنلىرى باشقا خەلقلەرنىڭ قانۇنلىرىغا ئوخشىمايدۇ. ئۇلار ئىمپېرىيىمىزنىڭ قانۇنلىرىغا بويسۇنمايدۇ. ئۇلارنىڭ ياشىشىغا يول قويۇش ئىمپېرىيىمىزنىڭ مەنپەئىتىگە پايدىسىزدۇر.

9ئەگەر ئالىيلىرى خالىسىلا، ئۇلارنى يوقىتىش ئۈچۈن مەكتۇپ يازدۇرغايلا. مەن ئىمپېرىيىمىزنىڭ مەمۇرىي خىراجىتى ئۈچۈن خەزىنىگە ئۈچ يۈز ئاتمىش مىڭ كىلو كۈمۈش تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىمەن، _ دەپ مەلۇم قىلدى.

10شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ مۆھۈرلۈك ئۈزۈكىنى يەھۇدىيلارنىڭ دۈشمىنى بولغان ئاگاگنىڭ نەسلىدىن بولغان ھاماداتانىڭ ئوغلى ھامانغا بەردى.

11پادىشاھ ئۇنىڭغا:

_ بۇ كۈمۈشلەر ئۆزۈڭگە قالسۇن. ئۇ خەلقنى قانداق قىلىمەن دېسەڭ، شۇنداق قىل! _ دېدى.

12شۇڭا بىرىنچى ئاينىڭ ئون ئۈچىنچى كۈنى* ھامان پادىشاھنىڭ پۈتۈكچىلىرىنى يىغىپ، ئىمپېرىيىنىڭ ھەممە ئۆلكىلەردىكى رەئىسلىرى، بەگلىرى ۋە ئالىي ئەمەلدارلىرىغا قارىتا مەكتۇپ يازدۇردى. مەكتۇپلار ھەربىر ئۆلكە خەلقىنىڭ ئۆز تىل-يېزىقىدا بولۇپ، ئۇلار پادىشاھنىڭ نامىدا يېزىلدى. شۇنداقلا ئۇلارغا پادىشاھنىڭ مۆھۈرلۈك ئۈزۈكى بېسىلدى.

13مەكتۇپلار چاپارمەنلەر ئارقىلىق پادىشاھنىڭ قول ئاستىدىكى ھەممە ئۆلكىلەرگە ئەۋەتىلدى. مەكتۇپلاردا: «ئون ئىككىنچى ئاينىڭ يەنى ئادار ئېيىنىڭ ئون ئۈچىنچى كۈنى* يەھۇدىيلارنىڭ قېرى-ياش، ئەر-ئايال، بالا-چاقىلىرىنىڭ ھەممىسى بىر كۈن ئىچىدە قىرىلسۇن، ئۆلتۈرۈلسۇن، يوق قىلىنسۇن، مال-مۈلۈكلىرى تالان-تاراج قىلىنسۇن» دەپ يېزىلغانىدى.

14ھەممە ئادەمنىڭ شۇ كۈنى تەييار بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن، مەكتۇپنىڭ كۆچۈرمە نۇسخىسى ھەرقايسى ئۆلكىلەردە پەرمان بولۇپ، ھەممە پۇقرالارغا ئالدىن ئېلان قىلىنماقچى بولدى.

15پادىشاھنىڭ ئەمرىگە بىنائەن، مەزكۇر پەرمان سۇزا قەلئەسىدە ئېلان قىلىندى. چاپارمەنلەر پەرماننى دەرھال ھەرقايسى ئۆلكىلەرگە ئېلىپ بېرىشتى. بۇ ۋاقىتتا پادىشاھ بىلەن ھامان بۇنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن شاراب ئىچىشكە ئولتۇردى. سۇزا قەلئەسى بولسا بىسەرەمجانلىقتا قالدى.



*     7. مىلادىيە كالېندارى بويىچە تەخمىنەن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 472– يىلنىڭ تۆتىنچى ئېيىغا توغرا كېلىدۇ.

*     7. مىلادىيە كالېندارى بويىچە ئۈچىنچى ئاينىڭ يەتتىنچى كۈنىگە توغرا كېلىدۇ

*     12. مىلادىيە كالېندارى بويىچە تۆتىنچى ئاينىڭ ئون يەتتىنچى كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.

*     13. مىلادىيە كالېندارى بويىچە ئۈچىنچى ئاينىڭ يەتتىنچى كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.



 

4

موردىكاينىڭ ئەستىردىن ياردەم سورىشى

1موردىكاي بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ئىنتايىن قايغۇرۇپ، كىيىملىرىنى يىرتىپ، چىگە رەختكە يۆگىنىپ، بېشىغا كۈل چېچىپ، سۇزا قەلئەسىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ، ناھايىتى قاتتىق ئاھۇپەرياد كۆتۈردى.

2ئۇ ئوردا دەرۋازىسىغا كېلىپ، توختاپ قالدى. چۈنكى بەلگىلىمە بويىچە چىگە رەختكە يۆگەنگەن كىشىلەر ئوردىغا كىرگۈزۈلمەيتتى.

3پادىشاھنىڭ پەرمانى قايسى ئۆلكىگە يېتىپ كەلسە، ئۇ يەردىكى يەھۇدىيلار قايغۇرۇپ، نالە-پەرياد ئۇرۇشتى. ئۇلار روزا تۇتۇپ، كۆز يېشى قىلىپ، ھازا تۇتۇشتى، نۇرغۇن كىشىلەر چىگە رەختكە يۆگىنىپ، كۈلگە مىلىنىپ يېتىشتى.

4ئەستىرنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان كېنىزەكلەر بىلەن ھەرەمئاغىلىرى موردىكاي ھەققىدە ئەستىرگە خەۋەر يەتكۈزگەندە، ئۇ ئىنتايىن بىئارام بولۇپ، موردىكايغا كىيىم-كېچەكلەرنى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ماتانى تاشلىۋېتىشىنى تەلەپ قىلدى. لېكىن موردىكاي قوبۇل قىلمىدى.

5ئەستىرنىڭ خىزمىتىگە تەيىنلەنگەن پادىشاھنىڭ ھاتاك ئىسىملىك بىر ھەرەمئاغىسى بار ئىدى. ئەستىر ئۇنى چاقىرتىپ، موردىكاينىڭ يېنىغا بېرىپ، زادى نېمە ئىشنىڭ ئۇنى قىيناۋاتقانلىقىنى ۋە نېمىشقا ئۇنداق بولغانلىقىنى بىلىپ كېلىشكە ئەۋەتتى.

6شۇنىڭ بىلەن ھاتاك ئوردا دەرۋازىسى ئالدىدىكى مەيداندا موردىكاي بىلەن كۆرۈشتى.

7موردىكاي يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئۇنىڭغا بىر-بىرلەپ ئېيتىپ بەردى شۇنداقلا ھاماننىڭ يەھۇدىيلارنى يوقىتىش ئۈچۈن دۆلەت خەزىنىسىگە قانچىلىك پۇل ئىئانە قىلىشنى ۋەدە قىلغانلىقىنى دېدى.

8موردىكاي ئۇنىڭغا يەنە سۇزادا ئېلان قىلىنغان، يەھۇدىيلارنى يوقىتىش توغرىىسىدىكى پەرمانىدىن بىر نۇسخا بەردى. موردىكاي ئۇنىڭ بۇ پەرماننى ئەستىرگە تاپشۇرۇپ بېرىشىنى ھەمدە ئەستىرگە ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇنىڭ پادىشاھقا يېلىنىپ، ئۆز خەلقىنىڭ بىر قوشۇق قېنىنى تىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

9ھاتاك قايتىپ موردىكاينىڭ تەلىپىنى ئەستىرگە يەتكۈزدى.

10ئەستىر:

_ موردىكايغا مۇنۇ گەپلەرنى يەتكۈز، _ دەپ ھاتاكنى يەنە ئەۋەتتى.

11_ پادىشاھ ئوردىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقانلار ۋە پادىشاھنىڭ قول ئاستىدىكى خەلقلىرى شۇنى بىلىدۇكى: ئەر ياكى ئايال بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، قايسى بىر كىشى چاقىرىلماي، ئىچكىرىكى ھويلىغا _ پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرسە، قانۇن بويىچە ئۆلتۈرۈلىدۇ. پەقەت پادىشاھ ئۇنىڭغا قولىدىكى ئالتۇن سەلتەنەت ھاسىسىنى ئۇزىتىپ قالسا، ئۇ تىرىك قالىدۇ. مېنى بولسا پادىشاھ چاقىرمىغىلى بىر ئاي بولدى.

12ئەستىرنىڭ بۇ گەپلىرى موردىكايغا يەتكۈزۈلدى.

13موردىكاي ئەستىرگە مۇنداق جاۋاپ ئەۋەتتى:

_ يەھۇدىيلارنىڭ ھەممىسى ئۆلتۈرۈلىدىغان يەردە سەن «ھەرگىزمۇ ئوردىدا ياشىغانلىقىم ئۈچۈن ئامان قالىمەن» دەپ ئويلىمىغىن.

14ئەگەر مۇشۇ ۋاقىتتا سەن سۈكۈت قىلساڭ، يەھۇدىيلارغا باشقا جايدىن ياردەم كېلىدۇ، ئۇلار قۇتۇلۇپ قالىدۇ، لېكىن سەن پۈتۈن جەمەتىڭ بىلەن قوشۇلۇپ ئۆلىسەن. كىم بىلىدۇ، بەلكىم سەن مۇشۇ ۋاقىتلار ئۈچۈن خانىشلىق مەرتىۋىسىگە ئېرىشكەندۇرسەن؟

15ئەستىر كېيىن موردىكايغا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى:

16_ سىز بېرىپ، سۇزا قەلئەسىدىكى بارلىق يەھۇدىيلارنى يىغىڭ، سىلەر مەن ئۈچۈن روزا تۇتۇڭلار، ئۈچ كېچە-كۈندۈز ھېچ نەرسە يېمەڭلار، ھېچ نەرسە ئىچمەڭلار. مەنمۇ كېنىزەكلىرىم بىلەن شۇنداق قىلىمەن. ئاندىن مەن قانۇنغا خىلاپ بولسىمۇ، پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلسەممۇ مەيلى.

17شۇنداق قىلىپ موردىكاي كەتتى ۋە ئەستىرنىڭ تاپىلىغىنىدەك قىلدى. 


5

ئەستىرنىڭ پادىشاھ بىلەن ھامانغا زىياپەت بېرىشى

1ئۈچىنچى كۈنى ئەستىر شاھانە لىباسنى كىيىپ، ئوردىنىڭ ئىچكىرىكى ھويلىغا يەنى پادىشاھ تەختى قويۇلغان خاس خانىسى ئۇدۇلىدىكى ھويلىغا كىردى. پادىشاھ خاس خانىسى ئىشىكىنىڭ ئۇدۇلىدىكى تەختىدە ئولتۇراتتى.

2پادىشاھ خانىش ئەستىرنىڭ ئىچكىرىكى ھويلىدا تۇرغىنىنى كۆرۈپ، خانىش ئۇنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپات تاپقاچ ئالتۇن سەلتەنەت ھاسىسىنى ئۇنىڭغا ئۇزاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئەستىر ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ھاسىنىڭ ئۇچىنى تۇتتى.

3پادىشاھ ئۇنىڭدىن:

_ ئەي خانىش ئەستىر! نېمە بولدى؟ نېمە تەلىپىڭ بار؟ ھەتتا ئىمپېرىيىمنىڭ يېرىمىنى تەلەپ قىلساڭمۇ، ئۇ ساڭا بېرىلىدۇ، _ دېدى.

4_ ئەگەر ئالىيلىرى خالىسىلا، بۈگۈن ھامان بىلەن بىرگە، سىلى ئۈچۈن تەييارلىغان زىياپىتىمگە قەدەم تەشرىپ قىلغايلا، _ دېدى ئەستىر پادىشاھقا.

5پادىشاھ:

_ ئەستىرنىڭ تەلەپ قىلغىنىدەك ھاماننى دەرھال ئېلىپ كېلىڭلار، _ دېدى. شۇنداق قىلىپ، پادىشاھ زىياپەتكە ھامان بىلەن بىللە باردى.

6شاراب ئىچىلىۋاتقاندا، پادىشاھ ئەستىردىن يەنە:

_ ئىلتىماسىڭ نېمە؟ ئىلتىماسىڭ بەجا كەلتۈرۈلىدۇ. نېمە تەلىپىڭ بار؟ ھەتتا ئىمپېرىيىمنىڭ يېرىمىنى تەلەپ قىلساڭمۇ، ئۇ ساڭا بېرىلىدۇ، _ دېدى.

7-8_ مېنىڭ ئىلتىماسىم ۋە تەلىپىم شۇكى: ئەگەر مەن ئالىيلىرىنىڭ ئىلتىپاتىغا مۇيەسسەر بولسام، ئالىيلىرى خالىسىلا، ئەتە ئۆزلىرى ھامان بىلەن بىرگە ئىككىلىرى ئۈچۈن تەييارلىغان زىياپىتىمگە قاتنىشىپ بەرگەيلا. شۇ چاغدا سىلىنىڭ سورىغانلىرىغا جاۋاپ بېرەي، _ دېدى ئەستىر.

ھاماننىڭ موردىكاينى قەستلەش پىلانى

9ھامان زىياپەتتىن كۆڭلى خۇش قايتتى. لېكىن ئۇ ئوردا دەرۋازىسى ئالدىدىن ئۆتكىنىدە، موردىكاينىڭ ئۇ يەردە ئورنىدىن مىدىرلىماي ئولتۇرغىنىنى، ئۆزىدىن بىرئازمۇ ئەيمەنمىگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن غەزەپلەندى.

10لېكىن ئۇ غەزىپىنى بېسىۋېلىپ، ئۆيىگە قايتىپ، ئاغىنىلىرىنى چاقىرتتى ۋە خوتۇنى زەرەشنىمۇ كەلتۈردى.

11ھامان ئۇلارغا ئۆزىنىڭ چەكسىز بايلىقى ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ كۆپلۈكى ھەققىدە پو ئاتتى، شۇنداقلا پادىشاھنىڭ ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنى قانداق ئۆستۈرۈپ، بارلىق ئالىي ئەمەلدارلار بىلەن بەگلەردىن يۇقىرى قىلغانلىقىنى ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي سۆزلىدى.

12ھامان يەنە:

_ بۇلاردىن باشقا خانىش ئەستىر بەرگەن زىياپەتكە پادىشاھ بىلەن مەندىن باشقا ھېچكىم تەكلىپ قىلىنماپتۇ. ئۇ يەنە پادىشاھ بىلەن مېنى ئەتىكى زىياپەتكە تەكلىپ قىلدى!

13بىراق مەن قاچانلا ھېلىقى يەھۇدىي موردىكاينىڭ ئوردا دەرۋازىسى ئالدىدا ئولتۇرغىنىنى كۆرسەم، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ماڭا ھېچبىر ئەھمىيەتسىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمەن، _ دېدى.

14ئۇنىڭ خوتۇنى ۋە ئاغىنىلىرى ئۇنىڭغا:

_ سىز بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئوتتۇز يەتتە گەز* ئېگىزلىكتە بىر دار تەييارلىتىڭ ۋە ئەتە ئەتىگەندە پادىشاھتىن موردىكاينى دارغا ئېسىشنى تەلەپ قىلىڭ. شۇنداق قىلغاندا زىياپەتكە خۇشال-خۇرام بارىسىز، _ دەپ تەكلىپ بېرىشتى. ھامان بۇنى ياخشى مەسلىھەت دەپ بىلىپ، ئېگىز بىر دار تەييارلاتتى.



*     14تەخمىنەن 22مېتىرغا توغرا كېلىدۇ.



 

6

پادىشاھنىڭ موردىكايغا شان-شەرەپ بېرىشى

1شۇ كۈنى كەچتە پادىشاھنىڭ ئۇيقۇسى كەلمىگەچكە، ئىمپېرىيىنىڭ تەزكىرىسىنى ئالدۇرۇپ ئوقۇتتى.

2تەزكىرىنىڭ: «موردىكاي پادىشاھنى يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش ھەققىدىكى بىر سۇيىقەستنى پاش قىلغان، بۇ سۇيىقەستنى ئوردا دەرۋازىسىنى كۆزەت قىلىدىغان بىغتان بىلەن تەرەش ئىسىملىك ئىككى ھەرەمئاغىسى پىلانلىغان» دەپ يېزىلغان يېرىگە كەلگەندە،

3پادىشاھ:

_ بۇ ئىش ئۈچۈن موردىكاي قانداق تەقدىرلەندى، ئۇنىڭ ئۆزىگە نېمە ئىززەت-ئىكرام كۆرسىتىلدى؟ _ دەپ سورىدى.

پادىشاھنىڭ غۇلاملىرى:

_ ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە بېرىلمەپتۇ، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى.

4_ ئوردا ھويلىسىدا كىم بار؟ _ دەپ سورىدى پادىشاھ. بۇ چاغدا ھامان موردىكاينى ياسىتىپ قويغان دارغا ئېسىشقا پادىشاھتىن ئىجازەت سوراش ئۈچۈن ئوردا ھويلىسىغا ئەمدىلا كىرگەنىدى.

5شۇڭا پادىشاھنىڭ غۇلاملىرى ئۇنىڭغا:

_ ھويلىدا ھامان تۇرىدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى.

_ ئۇنى كىرگۈزۈڭلار! _ دېدى پادىشاھ.

6ھامان كىرگەندە، پادىشاھ ئۇنىڭدىن:

_ پادىشاھ ئىززەت-ئىكرام كۆرسەتمەكچى بولغان كىشىگە نېمە كەلتۈرۈلسە بولىدۇ؟ _ دەپ سورىدى. ھامان ئۆز كۆڭلىدە: «پادىشاھ مەندىن باشقا كىمگىمۇ ئىززەت-ئىكرام كۆرسىتەر ئىدى» دەپ ئويلىدى

7-8ۋە پادىشاھقا:

_ پادىشاھىمىز ئىززەت-ئىكرام كۆرسەتمەكچى بولغان كىشى ئۈچۈن ئۆزلىرى كىيگەن شاھانە لىباس، ئۆزلىرى مىنگەن تاج تاقالغان ئات ئېلىپ كېلىنسۇن.

9ئاندىن پادىشاھنىڭ ئەڭ ھۆرمەتلىك ئالىي ئەمەلدارلىرىدىن بىرى ئۇ كىشىگە لىباس كىيدۈرۈپ، ئۇنى ئاتقا مىندۈرۈپ، شەھەر مەيدانىنى ئايلاندۇرۇپ: «قاراڭلار! پادىشاھ ئىززەت-ئىكرام كۆرسەتمەكچى بولغان كىشى مانا مۇشۇنداق قىلىنىدۇ» دەپ ئۇنىڭ ئالدىدا جار سالسۇن، _ دېدى.

10شۇنداق قىلىپ، پادىشاھ ھامانغا:

_ دەرھال شاھانە لىباس بىلەن ئاتنى كەلتۈرۈپ، ھازىرقى دېگىنىڭ بويىچە ئوردا دەرۋازىسى ئالدىدا ئولتۇرغان يەھۇدىي موردىكايغا شۇنداق قىل! ئېيتقانلىرىڭدىن بىرەرسىمۇ كەم قىلىنمىسۇن! _ دەپ بۇيرۇدى.

11ھامان شاھانە لىباس بىلەن ئاتنى كەلتۈردى. موردىكايغا لىباس كىيدۈرۈپ، ئاتقا مىندۈردى ۋە ئۇنى شەھەر مەيدانىغا ئېلىپ بېرىپ ئايلاندۇرۇپ:

_ قاراڭلار! پادىشاھ ئىززەت-ئىكرام كۆرسەتمەكچى بولغان كىشى مانا مۇشۇنداق قىلىنىدۇ، _ دەپ ئۇنىڭ ئالدىدا جار سالدى.

12شۇنىڭدىن كېيىن موردىكاي ئوردىدىكى ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرۇشقا قايتىپ كەلدى. ھامان بولسا بېشىنى چۈمكەپ، غەمكىن ھالدا دەرھال ئۆيىگە قايتىپ كەتتى.

13ئۇ ئۆزى دۇچ كەلگەن ئىشلارنى خوتۇنى زەرەشكە ۋە بارلىق ئاغىنىلىرىغا بىر-بىرلەپ سۆزلەپ بەردى. خوتۇنى ۋە مەسلىھەتچىلىرى ئۇنىڭغا:

_ سىز يېڭىلىشكە باشلىغان موردىكاي يەھۇدىي نەسلىدىن بولغاچقا، ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرالمايسىز، سىز چوقۇم ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا يېڭىلىپ قالىسىز، _ دېدى.

14ئۇلار سۆزلىشىپ تۇرغىنىدا، ئوردىنىڭ ھەرەمئاغىلىرى كېلىپ، ھاماننى ئەستىرنىڭ تەييارلىغان زىياپىتىگە بېرىشقا ئالدىراتتى. 


7

ھاماننىڭ دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلۈشى

1-2شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ھامان بىلەن بىللە ئەستىرنىڭ زىياپىتىگە باردى. شاراب ئىچىلىۋاتقاندا، پادىشاھ ئەستىردىن يەنە:

_ ئەي، خانىش ئەستىر! ئىلتىماسىڭ نېمە؟ ئىلتىماسىڭ بەجا كەلتۈرۈلىدۇ. نېمە تەلىپىڭ بار؟ ھەتتا ئىمپېرىيىمنىڭ يېرىمىنى تەلەپ قىلساڭمۇ، ئۇ ساڭا بېرىلىدۇ، _ دېدى.

3ئەستىر:

_ ئەگەر مەن ئالىيلىرىنىڭ ئىلتىپاتىغا مۇيەسسەر بولسام، ئالىيلىرى خالىسىلا، ئىلتىماسىم ئۈچۈن جېنىمنى قۇتۇلدۇرغايلا. تەلىپىم ئۈچۈن خەلقىمنىڭ ھاياتىنى ساقلىغايلا.

4مەن ۋە خەلقىم قىرىلىپ، ئۆلتۈرۈلۈپ، يوق قىلىنىشقا سېتىلىپ كەتتۇق. ئەگەر بىز پەقەت قۇل ۋە دېدەكلىككە سېتىلىپ كەتكەن بولساق، مەن سۈكۈت قىلار ئىدىم چۈنكى بىزنىڭ كۈلپەت تارتىشىمىز پادىشاھقا ئېلىپ كېلىدىغان كۆڭۈلسىزلىككە سېلىشتۇرغاندا ھېچ گەپ ئەمەس، _ دەپ جاۋاب بەردى.

5ئۇ ۋاقىتتا پادىشاھ ئاھاشۋىرۇش خانىش ئەستىردىن:

_ ئۇ كىم ئىكەن؟ بۇنداق قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان كىشى قەيەردە ئىكەن؟ _ دەپ سورىدى.

6_ بىزنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنىمىز دەل بۇ رەزىل ھاماننىڭ ئۆزى! _ دەپ جاۋاب بەردى ئەستىر.

ھامان پادىشاھ ۋە خانىش ئالدىدا تىترەپ كەتتى.

7پادىشاھ غەزەپ بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، زىياپەتخانىدىن ئوردا گۈلزارلىقىغا چىقىپ كەتتى. ھامان پادىشاھنىڭ ئۆزىنى بوش قويىۋەتمەيدىغانلىقىنى بىلىپ، خانىش ئەستىردىن بىر قوشۇق قېنىنى تىلەش ئۈچۈن قالدى.

8پادىشاھ ئوردا گۈلزارلىقىدىن زىياپەتخانىغا قايتىپ كىرگىنىدە، ھامان خانىش ئەستىر يانپاشلاپ ياتقان ئۇزۇن ئورۇندۇققا ئۆزىنى تاشلاپ ياتاتتى. پادىشاھ:

_ مەن تۇرۇقلۇق، ئۇ مېنىڭ ئوردامدا خانىشقا ئەدەپسىزلىك قىلىۋاتامدۇ نېمە؟ _ دەپ ۋارقىرىدى. پادىشاھ شۇنداق دېيىشى بىلەنلا ھەرەمئاغىلىرى ھاماننىڭ باش-كۆزىنى چۈمكەپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە تەييار بولدى.

9پادىشاھنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ھەرەمئاغىلىرىدىن ھاربونا ئىسىملىك بىرسى:

_ ھامان ئالىيلىرىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزغان موردىكاينى ئېسىش ئۈچۈن ئوتتۇز يەتتە گەز ئېگىزلىكتە ياساتقان دار ئۇنىڭ ھويلىسىدا تۇرىدۇ! _ دېدى.

_ ئۇنىڭغا ھاماننىڭ ئۆزىنى ئېسىڭلار! _ دەپ ئەمر قىلدى پادىشاھ.

10شۇنىڭ بىلەن موردىكاينى ئاسماقچى بولغان دارغا ھاماننىڭ ئۆزى ئېسىلدى. شۇندىلا پادىشاھنىڭ غەزىپى بېسىلدى. 


8

موردىكاي بىلەن ئەستىرنىڭ ئۆز خەلقىنى قۇتقۇزۇشى

1شۇ كۈنى پادىشاھ ئاھاشۋىرۇش يەھۇدىيلارنىڭ دۈشمىنى ھاماننىڭ پۈتۈن ئۆي-جاي، مال-مۈلكىنى خانىش ئەستىرگە بەردى. موردىكاينىڭ پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىشىگە ئىجازەت بېرىلدى. چۈنكى ئەستىر پادىشاھقا ئۇنىڭ ئۆز تۇغقىنى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەنىدى.

2پادىشاھ ھاماندىن تارتىۋېلىنغان مۆھۈرلۈك ئۈزۈكنى موردىكايغا بەردى. ئەستىر موردىكايغا ھاماننىڭ ئۆي-جاي، مال-مۈلكىنى باشقۇرۇشنى ھاۋالە قىلدى.

3ئەستىر يەنە پادىشاھنىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ، يىغلاپ تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ئاگاگنىڭ نەسلىدىن بولغان ھاماننىڭ يەھۇدىيلارنىڭ نەسلىنى يوقىتىش سۇيىقەستىنى بىكار قىلىشىنى يېلىنىپ سورىدى.

4پادىشاھ ئەستىرگە ئالتۇن سەلتەنەت ھاسىسىنى ئۇزاتقانىدى، ئەستىر پادىشاھنىڭ ئالدىدا ئورنىدىن تۇرۇپ:

5_ ئەگەر مەن ئالىيلىرىنىڭ ئىلتىپاتىغا مۇيەسسەر بولسام، ئالىيلىرى توغرا تېپىپ، مەندىن مەمنۇن بولسىلا، ئالىيلىرى خالىسىلا، بىر ئەمر چۈشۈرۈپ، ئاگاگنىڭ نەسلىدىن بولغان ھاماداتانىڭ ئوغلى ھاماننىڭ ئىمپېرىيىلىرىنىڭ ھەممە ئۆلكىلىرىدىكى يەھۇدىيلارنى يوقىتىش ئۈچۈن يازدۇرغان مەكتۇپلىرىنى بىكار قىلغايلا.

6مەن خەلقىمنىڭ يوقىتىلىشىغا، تۇغقانلىرىمنىڭ قىرىلىشىغا قانداقمۇ چىداپ تۇرالايمەن؟ _ دېدى.

7پادىشاھ ئاھاشۋىرۇش خانىش ئەستىر بىلەن يەھۇدىي موردىكايغا مۇنداق دېدى:

_ ھامان يەھۇدىيلارنى قىرىپ تاشلىماقچى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى دارغا ئاستۇردۇم ۋە مال-مۈلكىنى ئەستىرگە بەردىم.

8ئەمدى خالىغىنىڭلارچە، مېنىڭ نامىمدا يەھۇدىيلارغا مەكتۇپ يېزىپ، مۆھۈرلۈك ئۈزۈكىمنى بېسىڭلار. شۇنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، پادىشاھنىڭ نامىدا يېزىلىپ، پادىشاھنىڭ مۆھۈرلۈك ئۈزۈكى بېسىلغان ھەرقانداق مەكتۇپ بىكار قىلىنمايدۇ.

9شۇنىڭ بىلەن ئۈچىنچى ئاينىڭ يەنى شىۋان ئېيىنىڭ يىگىرمە ئۈچىنچى كۈنى* موردىكاي پادىشاھنىڭ پۈتۈكچىلىرىنى يىغىپ، يەھۇدىيلارغا ۋە ھىندىستاندىن مىسىرنىڭ نېرىسىغىچە بولغان ئىمپېرىيىنىڭ جەمئىي بىر يۈز يىگىرمە يەتتە ئۆلكىسىدىكى رەئىسلىرى، بەگلىرى ۋە ئەمەلدالىرىغا قارىتا، مەكتۇپ يازدۇردى. مەكتۇپلار ھەربىر ئۆلكىنىڭ ئۆز تىل-يېزىقىدا شۇنداقلا يەھۇدىيلارنىڭ تىل-يېزىقىدا يېزىلدى.

10موردىكاي پادىشاھ ئاھاشۋىرۇشنىڭ نامىدا يازدۇرغان بۇ مەكتۇپلارغا ئۇنىڭ مۆھۈرلۈك ئۈزۈكىنى باستۇردى ۋە ئۇلارنى ئوردىدىكى چاپقۇر ئاتلارغا مىنگەن چاپارمەنلەر ئارقىلىق تارقاتتى.

11مەزكۇر مەكتۇپلاردا پادىشاھ ھەرقايسى شەھەرلەردىكى يەھۇدىيلارنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن بىرلىشىشىگە ئىجازەت بەرگەن. يەھۇدىيلارنىڭ ئۆزلىرىگە ھۇجۇم قىلماقچى بولغان ھەرقانداق مىللەت ۋە ئۆلكىدىن بولغان ئادەملەرنى ۋە ئۇلارنىڭ خوتۇن-بالىلىرىنى قىرىشىغا، ئۆلتۈرۈشىگە، يوق قىلىشىغا ۋە ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرىگە ئىگە بولۇشىغا رۇخسەت بېرىلگەن.

12بۇ ئىش پۈتۈن ئۆلكىلەردە ئون ئىككىنچى ئاينىڭ يەنى ئادار ئېيىنىڭ ئون ئۈچىنچى كۈنى* يەنى ئەسلىدە يەھۇدىيلارنى قىرغىن قىلىشقا بەلگىلەنگەن كۈنى، بىر كۈن ئىچىدە ئىجرا قىلىنسۇن دەپ بېكىتىلدى.

13بۇ مەكتۇپنىڭ كۆچۈرمە نۇسخىسى ھەرقايسى ئۆلكىلەردە پەرمان بولۇپ جاكارلىنىدىغان ۋە ھەممە ئادەمگە ئۇقتۇرۇلىدىغان بولدى. شۇنداق بولغاندا يەھۇدىيلار دۈشمەنلىرىدىن شۇ كۈنى ئىنتىقام ئېلىشقا تەييار بولالايتتى.

14چاپارمەنلەر ئوردىدىكى چاپقۇر ئاتلارغا مىنىپ پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە جىددىي ئاتلاندى، سۇزادىكى قەلئەدىمۇ بۇ پەرمان ئېلان قىلىندى.

15موردىكاي ئاق ۋە كۆك شاھانە لىباسنى كىيىپ، كەندىر يىپتىن توقۇلغان سۆسۈن رەڭ يەڭسىز يېپىنچىسىنى يېپىنىپ، كاتتا ئالتۇن تاجىنى تاقاپ، پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىدىن چىقتى. سۇزا شەھىرى خۇشاللىق تەنتەنىلىرىگە چۆمدى.

16يەھۇدىيلارغا نىسبەتەن بۇ چاغ بەخت-سائادەتكە ئېرىشكەن، شاد-خوراملىق ۋە ئىززەت-ھۆرمەتكە تولغان چاغ بولدى.

17پادىشاھنىڭ پەرمانى ھەممە ئۆلكە ۋە شەھەرلەرگە يېتىپ بارغاندا، ئۇنى ئاڭلىغان يەھۇدىيلار شادلىققا تولۇپ، خۇشاللىق زىياپىتى بېرىشتى، بايرام قىلىش ئارقىلىق تەبرىكلەشتى. نۇرغۇن يەرلىك ئاھالىلەر يەھۇدىيلاردىن قورقۇشۇپ، يەھۇدىي بولۇشتى.



*     9. مىلادىيە كالېندارى بويىچە ئالتىنچى ئاينىڭ يىگىرمە بەشىنچى كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.

*     12. مىلادىيە كالېندارى بويىچە ئۈچىنچى ئاينىڭ يەتتىنچى كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.



 

9

يەھۇدىيلارنىڭ ئۆز دۈشمەنلىرىنى مەغلۇپ قىلىشى

1ئون ئىككىنچى ئاينىڭ يەنى ئادار ئېيىنىڭ ئون ئۈچىنچى كۈنى* كەلدى. بۇ پادىشاھنىڭ پەرمانىنىڭ بەجا كەلتۈرۈلىدىغان كۈنى، شۇنداقلا يەھۇدىيلارنىڭ دۈشمەنلىرى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىشكە ئۈمىد باغلىغان كۈن ئىدى. ئەكسىچە بۇ كۈندە يەھۇدىيلار ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى.

2يەھۇدىيلار ئۆزلىرىگە زىيانكەشلىك قىلغۇچىلارغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن پادىشاھ ئاھاشۋىرۇشنىڭ پۈتۈن ئۆلكىلىرىدىكى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق شەھەرلەردە يىغىلىشتى. جايلاردىكى خەلقلەر ئۇلاردىن قورقۇشاتتى. شۇڭا ئۇلارغا ھېچكىم قارشىلىق كۆرسىتەلمىدى.

3پۈتۈن ئۆلكىلەرنىڭ رەئىسلىرى، ئالىي ئەمەلدارلىرى، بەگلىرى ۋە ئوردا ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىملار موردىكايدىن قورققاچقا، يەھۇدىيلارغا ياردەم بېرىشتى.

4چۈنكى موردىكاينىڭ ھوقۇق دائىرىسى بارغانسېرى كېڭىيىش بىلەن ئۇ ئوردىدا ئىنتايىن نوپۇزلۇق بولۇپ، ئۇنىڭ نام-شۆھرىتى بارلىق ئۆلكىلەرگە تارقالغانىدى.

5شۇڭا يەھۇدىيلار ئۆز دۈشمەنلىرىگە خالىغىنىنى قىلدى. ئۇلار دۈشمەنلىرىنى قىلىچ بىلەن قىرىپ يوقاتتى.

6يەھۇدىيلار سۇزا قەلئەسىدىلا بەش يۈز كىشىنى ئۆلتۈردى.

7-10ئۇلارنىڭ ئىچىدە يەھۇدىيلارنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى ھاماداتانىڭ ئوغلى بولغان ھاماننىڭ ئون ئوغلىمۇ يەنى پارشانداتا، دالپۇن، ئاسپاتا، پوراتا، ئاداليا، ئارىداتا، پارماشتا، ئارساي، ئارىداي ۋە ۋايزاتالارمۇ بار ئىدى. يەھۇدىيلار دۈشمەنلىرىنى ئۆلتۈردى، لېكىن ئۇلارنىڭ ھېچقانداق مال-مۈلكىنى ئولجا ئالمىدى.

11شۇ كۈنى سۇزا قەلئەسىدە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى پادىشاھقا مەلۇم قىلىنغانىدى،

12پادىشاھ خانىش ئەستىرگە:

_ يەھۇدىيلار يالغۇز سۇزا قەلئەسىدىلا بەش يۈز ئادەم ئۆلتۈرۈپتۇ. ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ئىچىدە ھاماننىڭ ئون ئوغلىمۇ بار ئىكەن، ئىمپېرىيىنىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدە يەنە نېمە ئىشلار قىلغاندۇر؟ ئەمدى ئىلتىماسىڭ نېمە؟ ئىلتىماسىڭ بەجا كەلتۈرۈلىدۇ. يەنە نېمە تەلىپىڭ بار؟ دېگىنىڭ كېلىدۇ، _ دېدى.

13ئەستىر:

_ ئالىيلىرى خالىسىلا، سۇزادىكى يەھۇدىيلارنىڭ ئەتىمۇ بۈگۈنكى پەرمان بويىچە ئىش قىلىشىغا ئىجازەت بەرگەيلا ھەمدە ھاماننىڭ ئون ئوغلىنىڭ جەسەتلىرىنى دارغا ئاستۇرغايلا، _ دەپ جاۋاپ بەردى.

14پادىشاھ شۇ بويىچە پەرمان چۈشۈردى ۋە بۇ پەرمان سۇزادا جاكارلاندى. ھاماننىڭ ئون ئوغلىنىڭ جەسەتلىرى دارغا ئېسىلدى.

15ئادار ئېيىنىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى* سۇزادىكى يەھۇدىيلار يەنە بىر قېتىم جەم بولۇپ، سۇزادا ئۈچ يۈز ئادەمنى قىردى. لېكىن ئۇلار ئوخشاشلا مال-مۈلۈك ئولجا ئالمىدى.

16ئادار ئېيىنىڭ ئون ئۈچىنچى كۈنى* ئىمپېرىيىنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىدىكى باشقا يەھۇدىيلارمۇ يىغىلىشىپ ئۆزلىرىنى قوغداشقانىدى. ئۆزلىرىگە ئۆچمەنلىك قىلغان يەتمىش بەش مىڭ كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، ئارام تاپقانىدى. لېكىن مال-مۈلۈككە قول تەگكۈزمىگەنىدى.

17ئىككىنچى كۈنى ئۇلار دەم ئالدى ھەم بۇ كۈننى خۇشاللىق زىياپىتى كۈنى قىلىپ بەلگىلىدى.

18سۇزادىكى يەھۇدىيلار بولسا ئادار ئېيىنىڭ ئون ئۈچىنچى، ئون تۆتىنچى كۈنلىرى* يىغىلىشىپ، ئۆزلىرىنى قوغداشتى. ئون بەشىنچى كۈنى* دەم ئالدى ھەم بۇ كۈننى خۇشاللىق زىياپىتى كۈنى قىلىپ بەلگىلىدى.

19شۇڭا كىچىك يېزا-كەنتلەردە تۇرىدىغان يەھۇدىيلار ئادار ئېيىنىڭ ئون تۆتىنچى كۈنىنى* خۇشاللىق زىياپىتى بېرىدىغان ئارام ئېلىش كۈنى قىلىپ، بىر-بىرىگە سوۋغاتلار تەقدىم قىلىشىدىغان بولدى.

پۇرىم بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشى

20موردىكاي بۇ ئىشلارنى خاتىرىلەپ، پۈتۈن ئاھاشۋىرۇش ئىمپېرىيىسىنىڭ يىراق-يېقىن ئۆلكىلىرىدىكى يەھۇدىيلارغا مەكتۇپ يېزىپ ئەۋەتىپ،

21ئۇلارنىڭ ھەر يىلى ئادار ئېيىنىڭ ئون تۆتىنچى ۋە ئون بەشىنچى كۈنىنى* ھېيت كۈنى قىلىشلىرىنى بۇيرۇدى.

22بۇ كۈنلەر يەھۇدىيلارنىڭ دۈشمەنلىرىدىن ئارام تاپقان كۈنلەر، بۇ ئاي يەھۇدىيلارنىڭ قايغۇلىرى شادلىققا، مۇڭ-زارلىرى خۇشاللىققا ئايلانغان ئاي ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇ كۈنلەرنى زىياپەتلەر بېرىش بىلەن ئۆتكۈزۈپ، ئۆزئارا شۇنداقلا كەمبەغەللەرگە سوۋغاتلار بېرىشلىرى بۇيرۇلدى.

23بۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيلار موردىكاينىڭ ئۆزلىرىگە يېزىپ قالدۇرغىنى بويىچە ئىش قىلدى ۋە باشلىغان بۇ ھېيتنى داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلىشتى.

24يەھۇدىيلارنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى، ئاگاگنىڭ نەسلىدىن بولغان ھاماداتانىڭ ئوغلى ھامان يەھۇدىيلارنى يوقىتىش سۇيىقەستىنى پىلانلىغانىدى. ئۇ يەھۇدىيلارنى يوقىتىش ئۈچۈن پۇر (چەك) تارتىش ئارقىلىق بىر كۈننى بەلگىلىگەنىدى.

25لېكىن ھاماننىڭ سۇيىقەستى پادىشاھنىڭ قۇلىقىغا يەتكەندە، پادىشاھ ھاماننىڭ ئۆزى پىلانلىغان يەھۇدىيلارغا زىيانكەشلىك قىلىش پىلانى ئۇنىڭ ئۆز بېشىغا كەلسۇن دەپ ئەمر يازدۇرغانىدى. شۇنىڭ بىلەن ھامان ھەم ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسى دارغا ئېسىلغان ئىدى.

26ھامان تارتقان چەك «پۇر» دەپ ئاتالغاچقا، يەھۇدىيلار خاتىرىلىگەن بۇ كۈنلەرمۇ «پۇرىم» دەپ ئاتالدى. يەھۇدىيلار موردىكاي يازغان مەكتۇپ، ئۆزلىرىنىڭ كۆرگەنلىرى ۋە بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىرى ۋەجىدىن،

27ئۆزلىرى، ئەۋلادلىرى ۋە ئۇلار بىلەن بىرلەشكەن كىشىلەر ئۈچۈن بىر ئەنئەنە بەلگىلەپ، موردىكاينىڭ يېزىپ قالدۇرغىنى بويىچە ھەر يىلى بۇ ئىككى كۈننى خاتىرىلەشنى قارار قىلدى.

28ئۇلار ھەم بۇ كۈنلەر ئىمپېرىيىنىڭ ھەربىر ئۆلكە ۋە شەھەرلىرىدە، ھەممە ئائىلىلەردە خاتىرىلىنىشى ۋە ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە داۋاملىشىشى كېرەك، بۇ كۈنلەرنىڭ يەھۇدىيلار ئارىسىدا خاتىرىلىنىشى ھېچقاچان توختاپ قالماسلىقى شۇنداقلا يۈز بەرگەن ئىشلار ئەۋلادلار تەرىپىدىن ھەرگىز ئۇنتۇلۇپ قالماسلىقى كېرەك، دەپ قارار قىلدى.

29ئابىھائىلنىڭ قىزى خانىش ئەستىرمۇ يەھۇدىي موردىكاي بۇرۇن يازغان مەكتۇپتەك بىر پارچە مەكتۇپ يېزىپ، خانىشلىق نوپۇزى بىلەن پۇرىم بايرىمى ئۆتكۈزۈشنى قوللىدى.

30بۇ مەكتۇپلار پادىشاھ ئاھاشۋىرۇش ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى بىر يۈز يىگىرمە يەتتە ئۆلكىدىكى پۈتۈن يەھۇدىيلارغا يېزىلغانىدى. مەكتۇپلاردا يەھۇدىيلارغا تىنچلىق-ئامانلىق تىلەنگەنىدى.

31بۇ مەكتۇپلار پۇرىم بايرىمىنى بەلگىلىدى. بۇ بايرامنىڭ ھەر يىلى بەلگىلەنگەن كۈنلەردە خاتىرىلىنىشىنى يەھۇدىي موردىكاي بىلەن خانىش ئەستىر ئوتتۇرىغا قويدى. خەلقلەر خۇددى ئۆزلىرى ۋە ئەۋلادلىرى ئۈچۈن روزا تۇتۇش ۋە قارىلىق تۇتۇش ۋاقتىنى بەلگىلەشنى قارار قىلغاندەك، بۇ بايرامنى ئۆتكۈزۈشنىمۇ قارار قىلدى.

32ئەستىرنىڭ بۇيرۇقى پۇرىم بايرىمىغا ئائىت قائىدىلەرنى بەلگىلىدى ۋە بۇلارنىڭ ھەممىسى خاتىرە كىتابىغا يېزىلدى.



*     1. مىلادىيە كالېندارى بويىچە ئۈچىنچى ئاينىڭ يەتتىنچى كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.

*     15. مىلادىيە كالېندارى بويىچە ئۈچىنچى ئاينىڭ سەككىزىنچى كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.

*     16مىلادىيە كالېندارى بويىچە ئۈچىنچى ئاينىڭ يەتتىنچى كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.

*     18. مىلادىيە كالېندارى بويىچە ئۈچىنچى ئاينىڭ يەتتىنچى، سەككىزىنچى كۈنلىرىگە توغرا كېلىدۇ.

*     18. مىلادىيە كالېندارى بويىچە توققۇزىنچى كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.

*     19. مىلادىيە كالېندارى بويىچە ئۈچىنچى ئاينىڭ سەككىزىنچى كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.

*     21مىلادىيە كالېندارى بويىچە ئۈچىنچى ئاينىڭ سەككىزىنچى، توققۇزىنچى كۈنلىرىگە توغرا كېلىدۇ.



 

10

پادىشاھ ئاھاشۋىرۇش بىلەن موردىكاينىڭ ئۇتۇقى

1پادىشاھ ئاھاشۋىرۇش ئۆز ئىمپېرىيىسىنىڭ پۈتۈن يەرلىرىدىن، ھەتتا ئوتتۇرا دېڭىزغىچە بولغان جايلاردىن ئالۋان يىغاتتى.

2ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتى، پائالىيەتلىرى ۋە موردىكاينى قانداق ئۆستۈرۈپ، مەرتىۋىگە چىقارغانلىقى پېرسىيە ۋە مېدىيا پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىسىگە يېزىلغانىدى.

3يەھۇدىي موردىكاي ئۆز خەلقىنىڭ بەختىنى ئىزدەپ، ئۆز مىللىتىنىڭ تىنچلىقىنى ياقلىغاچقا، يەھۇدىيلار ئارىسىدا ئىززەت تېپىپ، قېرىنداشلىرىنىڭ قەدىرلىشىگە ئېرىشكەنىدى. ئۇ مەرتىۋە جەھەتتە پادىشاھ ئاھاشۋىرۇشنىڭ كەينىدىلا تۇراتتى.