«ئەستىر»

(قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)

مۇقەددەس كىتابنىڭ «ئەستىر» دىن ئىبارەت ئۇشبۇ قىسمىدا پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ خانىشلىق مەرتىۋىسىگە ئېرىشكەن يەھۇدىي قىزى ئەستىرنىڭ ئۆز خەلقىنى قۇتقۇزغانلىقى يېزىلغان. «ئەستىر» دىكى ۋەقەلىك پېرسىيە ئىمپېرىيىسىدە ئاھاشۋىرۇش ھۆكۈمرانلىق قىلغان يىللىرى يەنى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 485‏-464يىللىرى يۈز بەرگەن. مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ئۆز خەلقىنى مىسىردىن ئېلىپ چىققىنىغا تەخمىنەن مىڭ يىل بولغان چاغلار ئىدى. مۇسا پەيغەمبەر دەۋرىدە پەرۋەردىگار خۇدا ئىسرائىللارنى ئۆز خەلقى قىلىپ بەلگىلەپ، ئۇلار بىلەن ئەھدە تۈزگەنىدى. شۇ ئەھدىگە ئاساسەن ئۇلار خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە بويسۇنمىسا، خۇدانىڭ جازاسىغا ئۇچرايتتى. لېكىن ئىسرائىللار خۇداغا ئىتائەت قىلماستىن، داۋاملىق ساختا ئىلاھلارغا چوقۇندى. پەرۋەردىگار خۇدا ئىسرائىللارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەن بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا ساختا ئىلاھلاردىن ئۆزلىرىنى تارتالمىدى. خۇدا ئاخىرى ئىسرائىللارنى جازالاپ، بابىلنىڭ پادىشاھىنى ئۇلارنىڭ زېمىنىنى بېسىۋېلىپ، پايتەختى يېرۇسالېمنى ۋەيران قىلىشقا ۋە ئاھالىسىنى سۈرگۈن ئېتىشكە ئەۋەتتى. بۇ ۋەقە مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 586-يىلى يۈز بەردى. ۋەھالەنكى خۇدا ئۆز خەلقى بولغان ئىسرائىللارغا پەيغەمبەر يەرەمىيا ئارقىلىق ئۇلار سۈرگۈن قىلىنىپ يەتمىش يىلدىن كېيىن، ئۇلارنى يەنە ئۆز زېمىنىغا قايتۇرۇپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. ئىسرائىللار سۈرگۈن قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، بابىل پېرسىيە ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن بېسىۋېلىندى.

پېرسىيىلىكلەر ئىسرائىللارغا نىسبەتەن قاتتىق قول بولمىدى، خۇددى خۇدا ئالدىن ئېيتقىنىدەك، يەتمىش يىلدىن كېيىن ئىسرائىللار ئۆز زېمىنىغا قايتىپ كېلىشكە باشلىدى. ئۇلار ئەمدى ساختا ئىلاھلارغا يەنە چوقۇنمايدىغان بولدى. شۇنداقتىمۇ پېرسىيىدىكى ئىسرائىللار باشقا بىر چوڭ خەتەرگە دۇچ كېلىدۇ. ئۇشبۇ خەتەر ھەققىدە «ئەستىر» دە بايان قىلىنغان. ئامالەكلەر ئىسرائىللارغا ئۇزۇندىن بېرى دۈشمەن بولۇپ كېلىۋاتقان خەلق ئىدى. مۇسا پەيغەمبەر ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققاندىن كېيىن، ئامالەكلەر بىرىنچى بولۇپ ئىسرائىللارغا ھۇجۇم قىلغانىدى. سائۇل ئىسرائىللارغا پادىشاھ بولغان چاغلاردا، ئاگاگ ئامالەكلەرگە پادىشاھ بولغان بولۇپ، ئىسرائىللار بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ئاگاگ ئۆز خەلقىگە باشچىلىق قىلغانىدى. ئەستىرنىڭ دەۋرىدە ئاگاگنىڭ ئەۋلادى بولغان ھامان يەنىلا پېرسىيە ئىمپېرىيىسىدە تۇرۇۋاتقان بارلىق ئىسرائىللارنى ئۆلتۈرۈۋېتىشنى پىلانلايدۇ.

«ئەستىر» دىكى نۇرغۇن ۋەقەلىكلەردىن، مەسىلەن ئالتىنچى بابتىكى پېرسىيىنىڭ پادىشاھى ئاھاشۋىرۇشنىڭ ئۇيقۇسىنىڭ كەلمەسلىكى بىلەن كېيىنكى ۋەقەلىكلەرنىڭ چېتىشىشىدىن شۇنى بىلەلەيمىزكى، گەرچە «ئەستىر» نىڭ ھېچقانداق يېرىدە «خۇدا» دېگەن سۆز تىلغا ئېلىنمىسىمۇ، ئەمما خۇدا پۈتۈن ۋەقەلىكلەرنى باشقۇرۇپ تۇرغان.

«ئەستىر» دىكى مۇھىم نۇقتا خۇدانىڭ ئىنسانلارغا بەرگەن ئەمرلىرىنى تەكىتلەش بولماستىن، بەلكى خۇدانىڭ بىز ئىنسانلارنى ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ئەمەلىي ئىشلار ئارقىلىق يېتەكلىگەنلىكىدۇر.

مۇقەددەس كىتابنىڭ «ئەستىر» دىن ئىبارەت بۇ قىسمىدا يەھۇدىيلارنىڭ پۇرىم بايرىمىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى چۈشەندۈرۈلىدۇ.

تېزىس:

1. ئەستىرنىڭ خانىش بولۇشى (1-، 2-بابلار)

2. ھامان پىلانلىغان سۇيىقەست (3 _ 5-بابلار)

3. ھاماننىڭ جازالىنىشى (6-، 7-بابلار)

4. يەھۇدىيلارنىڭ دۈشمەنلىرىنى مەغلۇپ قىلىشى (8 _ 10-بابلار)