« ھەزرىتى ئەيسا ئەلچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى »




1

مۇقەددىمە

1ھۆرمەتلىك تېئوفىلوس،

دەسلەپكى خېتىمدە، ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى باشلىغاندىن تارتىپ تاكى ئاسمانغا كۆتۈرۈلگۈچە قىلغان ھەممە ئىشلىرىنى ۋە بەرگەن بارلىق تەلىملىرىنى بايان قىلغانىدىم. 2ئۇ ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈشتىن ئىلگىرى، خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىنىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىلەن ئۆزى تاللىغان ئەلچىلىرىگە يوليورۇقلارنى بەرگەنىدى. 3ئۇ ئۆلۈپ، تىرىلگەندىن كېيىنكى قىرىق كۈن ئىچىدە ئۇلارغا كۆپ قېتىم كۆرۈنۈپ، ئۆزىنىڭ تىرىلدۈرۈلگەنلىكىنىڭ شەكسىز ئىكەنلىكىنى نۇرغۇن پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلىغانىدى ۋە خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا دائىر سۆزلەرنى قىلغانىدى.

4بىر قېتىم ھەزرىتى ئەيسا ئەلچىلەر بىلەن غىزالىنىۋاتقاندا، ئۇلارغا يوليورۇق بېرىپ مۇنداق دېدى:

_ يېرۇسالېم شەھىرىدىن ئايرىلماي، مەن سىلەرگە ئېيتقىنىمدەك، خۇدائاتام سىلەرگە بېرىشنى ۋەدە قىلغان مۇقەددەس روھنى كۈتۈڭلار. 5چۈنكى، يەھيا پەيغەمبەر كىشىلەرنى سۇدا چۆمۈلدۈردى، سىلەر بولساڭلار بىرنەچچە كۈن ئىچىدە خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا چۆمۈلدۈرۈلىسىلەر.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈشى

6ئەلچىلەر ھەزرىتى ئەيسا بىلەن جەم بولغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭدىن:

_ ئى رەببىمىز، شۇ ۋاقىتتا ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچىمۇسىز؟ _ دەپ سورىدى.

7ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ خۇدائاتام ئۇ ۋاقىت-سائەتنى ئۆز ھوقۇقىغا ئاساسەن بەلگىلىگەن. سىلەرنىڭ بۇنى بىلىشىڭلار تېگىشلىك ئەمەس. 8بىراق شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، مۇقەددەس روھ ۋۇجۇدۇڭلارغا چۈشكەندە، سىلەر كۈچ-قۇدرەتكە تولۇپ، يېرۇسالېم، پۈتۈن يەھۇدىيە ۋە سامارىيە ئۆلكىلىرى، ھەتتا دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە ماڭا گۇۋاھچى بولىسىلەر.

9ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. بىر پارچە بۇلۇتنىڭ ئورىۋېلىشى بىلەن، ئۇ كۆپچىلىكنىڭ نەزىرىدىن غايىب بولدى.

10ئۇ ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەندە، ئەلچىلەر كۆزلىرىنى كۆككە تىكىپ قارىشىپ قالدى، توساتتىن ئۇلارنىڭ يېنىدا ئاق كىيىم كىيگەن، ئادەم قىياپىتىدىكى ئىككى پەرىشتە پەيدا بولۇپ:

11_ ئەي جەلىلىيىلىكلەر، نېمىشقا بۇ يەردە ئاسمانغا قاراپ تۇرىسىلەر؟! ھەزرىتى ئەيسا ئەرشكە چىقىپ كەتتى. بىراق، ئۇ قانداق كۆتۈرۈلگەن بولسا، كەلگۈسىدە يەنە شۇنداق قايتىپ كېلىدۇ، _ دېدى.

يەھۇدانىڭ ئورنىغا تاللانغان كىشى

12شۇنىڭدىن كېيىن، ئەلچىلەر يېرۇسالېمدىن بىر چاقىرىمچە يىراقلىقتىكى زەيتۇن تېغى دېگەن جايدىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدى. 13ئۇلار شەھەرگە كىرىپ، ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان ئۆينىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدىكى ھۇجرىغا چىقتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پېترۇس، يۇھاننا، ياقۇپ، ئەندەر، فىلىپ، توماس، بارتولوماي، مەتتا، ھالپاينىڭ ئوغلى ياقۇپ، ۋەتەنپەرۋەر سىمۇن ۋە باشقا بىر ياقۇپنىڭ ئوغلى يەھۇدالار بار ئىدى. 14ئۇلار باشقا ئېتىقادچىلار بىلەن دائىم بىر يەرگە جەم بولۇپ، بىر نىيەتتە دۇئا-تىلاۋەت قىلىشاتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئانىسى مەريەم، ھەزرىتى ئەيساغا ئەگەشكەن ئاياللار ۋە ئۇنىڭ ئىنىلىرىمۇ بار ئىدى.

15شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئېتىقادچىلاردىن بىر يۈز يىگىرمىگە يېقىن كىشى جەم بولۇشتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن پېترۇس ئۆرە تۇرۇپ مۇنداق دېدى:

16_ بۇرادەرلەر! ھەزرىتى ئەيسانى تۇتۇپ بەرگەن يەھۇدا ھەققىدە مۇقەددەس روھنىڭ بۇرۇن پادىشاھ داۋۇت ئارقىلىق ئالدىن ئېيتقان مۇقەددەس يازمىلاردىكى سۆزلىرى ئەمەلگە ئېشىشى كېرەك ئىدى. 17يەھۇدامۇ بىزدەك بىر ئەلچى بولۇپ، بىز بىلەن بىللە خۇدانىڭ خىزمىتىدە بولغانىدى.

18(يەھۇدا قىلغان ئەسكىلىكى بەدىلىگە ئىگە بولغان پۇلغا بىر پارچە يەر سېتىۋېلىپ، شۇ يەردە باشچىلاپ يىقىلىپ، ئۈچەي-قېرىنى چۇۋۇلۇپ ئۆلدى. 19بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان پۈتۈن يېرۇسالېم ئاھالىسى ئۇ يەرنى ئۆز تىلى بىلەن «ھەقەلدەما» دەپ ئاتاشتى. بۇنىڭ مەنىسى «قان تۆكۈلگەن يەر» دېمەكتۇر.)

20پېترۇس سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:

_ زەبۇردا پادىشاھ داۋۇتنىڭ يەھۇداغا قارىتىلغان مۇنۇ سۆزلىرى بار:

«ئۇنىڭ ئۆيى چۆلگە ئايلانسۇن،

ئۇنىڭدا ھېچكىم ئولتۇرمىسۇن!»

ۋە

«ئۇنىڭ ۋەزىپىسىنى باشقا بىر كىشى ئۈستىگە ئالسۇن!»

2122شۇنىڭ ئۈچۈن، رەببىمىز ئەيسانىڭ تىرىلگەنلىكىگە بىز بىلەن تەڭ گۇۋاھلىق بېرىشى ئۈچۈن، يەھۇدانىڭ ئورنىغا بىر كىشىنى تاللىشىمىز كېرەك. بۇ كىشى ھەزرىتى ئەيسا يەھيا پەيغەمبەردىن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ تاكى ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەن كۈنگىچە بىز بىلەن باشتىن-ئاخىر بىللە بولغان كىشىلەردىن بولسۇن، _ دېدى.

23شۇنىڭ بىلەن، كۆپچىلىك يۈسۈپ (لەقىمى بارسابا، گرېكچە ئىسمى يۇستۇس) بىلەن ماتىيا دېگەن ئىككى كىشىنى ئالدىغا چىقىرىپ، مۇنداق دۇئا قىلىشتى:

2425_ ئى رەببىمىز، ھەممە ئادەمنىڭ كۆڭلىدىكى يوشۇرۇن ئويى ساڭا ئايان. يەھۇدا ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى تاشلاپ ئۆلدى ۋە ئۆزىگە تېگىشلىك يەرگە كەتتى. ئەمدى ئۇ تاشلىۋەتكەن ئەلچىلىك ۋەزىپىسىگە ئىگە بولغۇچىغا بۇ ئىككىيلەندىن قايسىسىنى تاللىغانلىقىڭنى كۆرسەتكىن.

26دۇئادىن كېيىن، ئۇلار بۇ ئىككى كىشىگە چەك تاشلىۋىدى، چەك ماتىياغا چىقتى. شۇنىڭ بىلەن، ماتىيا ئون بىر ئەلچىنىڭ قاتارىغا ئون ئىككىنچى بولۇپ قوشۇلدى. 




2

مۇقەددەس روھنىڭ ئېتىقادچىلارغا چۈشۈشى

1ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدىن كېيىنكى ئەللىكىنچى كۈنى كەلگەن ئورما ھېيتىدا، ئېتىقادچىلارنىڭ ھەممىسى يېرۇسالېمدا بىر يەرگە جەم بولغانىدى. 2ئاسماندىن تۇيۇقسىز گويا قاتتىق شامال چىققاندەك بىر ئاۋاز ئاڭلىنىپ، ئۇلار ئولتۇرغان ئۆينى قاپلىدى. 3ئېتىقادچىلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ ئۈستىگە خۇددى ئوت يالقۇنىدەك بىر نەرسىنىڭ ئايرىم-ئايرىم چۈشكەنلىكىنى كۆردى. 4ئۇلارنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا چۆمۈپ، ئۇ ئاتا قىلغان ئالاھىدە قابىلىيەت بىلەن ئۆزلىرىگە نامەلۇم بولغان تىللاردا خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشقا باشلىدى.

5ئۇ چاغدا، يېرۇسالېمدا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن نۇرغۇن ئىخلاسمەن يەھۇدىيلارمۇ بار ئىدى. 6ئۇلار بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ، ئېتىقادچىلار بار يەرگە جەم بولۇشتى ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ تىللىرىدا سۆزلىشىۋاتقان ئېتىقادچىلارنى كۆرۈپ داڭ قېتىپ قېلىشتى. 7ئۇلار ھەيران بولۇپ:

_ قاراڭلار، سۆزلىشىۋاتقانلار جەلىلىيىلىكلەر ئەمەسمۇ؟ 8ئۇلار قانداقلارچە بىزنىڭ تىللىرىمىزدا سۆزلىشەلەيدۇ؟ 9ئارىمىزدا پارتىيا، مېدىيا، ئېلام، مېسوپوتامىيە، يەھۇدىيە، كاپادوكىيا، پونتۇس، ئاسىيا، 1011فرىگىيە، پامفىلىيە، مىسىر، لىۋىيىنىڭ كىرىنىگە يېقىن جايلىرىدىن كەلگەنلەر، كرىت ۋە ئەرەبىستاندىن كەلگەنلەرمۇ بار! يەنە رىم شەھىرىدىن كەلگەن يەھۇدىيلار ۋە يەھۇدىي دىنىغا كىرگەن باشقا مىللەتلەرمۇ بار. ئەمما، ھەممىمىز ئۇلارنىڭ خۇدانىڭ قىلغان ئۇلۇغ ئىشلىرىنى بىزنىڭ تىللىرىمىزدا ماختىغانلىرىنى ئاڭلاۋاتىمىز! _ دېيىشتى.

12ئۇلار تېڭىرقاپ قالغانلىقىدىن ھەيرانلىق بىلەن بىر-بىرىگە:

_ بۇ زادى قانداق ئىشتۇ؟ _ دېيىشتى.

13بەزىلەر:

_ بۇلار ئوبدانلا مەس بولۇپ قاپتۇ! _ دەپ مەسخىرە قىلىشتى.

پېترۇسنىڭ چۈشەندۈرۈشى

14بۇنى ئاڭلىغان پېترۇس باشقا ئون بىر ئەلچى بىلەن بىللە ئورنىدىن تۇرۇپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن كۆپچىلىككە:

_ ئەي يېرۇسالېم ئاھالىلىرى ۋە باشقا يەھۇدىي قېرىنداشلار! سىلەرگە ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي. سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار. 15سىلەر بىزنى مەس بولۇپ قاپتۇ، دەۋاتامسىلەر؟ ئۇنداق ئەمەس، تېخى ئەمدى ئەتىگەن سائەت توققۇز بولدى. 16ھالبۇكى، خۇدا بۇرۇن بۇ ئىش ھەققىدە يوئېل پەيغەمبەر ئارقىلىق ئالدىن ئېيتىپ مۇنداق دېگەن:

17«خۇدا شۇنى ۋەدە قىلدىكى:

‹مەن ئاخىر زاماندا* ھەممە ئىنسانلارنى مۇقەددەس روھىمغا چۆمدۈرىمەن.

ئوغۇل-قىزلىرىڭلار مېنىڭ ۋەھىيلىرىمنى يەتكۈزىدۇ. سۆزلىرىم يىگىتلەرگە غايىبانە ئالامەتلەر، ياشانغانلارغا چۈشلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ.

18ئۇ كۈنلەردە، بارلىق ئەر-ئايال خىزمەتكارلىرىم روھىمغا چۆمۈلدۈرۈلۈپ، مەندىن كەلگەن ۋەھىيلەرنى سۆزلەيدۇ.

1920سوراق قىلىدىغان ئۇلۇغ كۈن كېلىشتىن بۇرۇن، كۆكتە كارامەت كۆرسىتىمەن، يەر يۈزىدىمۇ مۆجىزىلەرنى يارىتىمەن.

يەردە قان، ئوت ۋە قاپقارا ئىس-تۈتەكلەر كۆرۈنىدۇ، كۆكتە قۇياش نۇرى قاراڭغۇلۇققا چۆكۈپ، ئايمۇ قان رەڭگىگە كىرىدۇ.

21پەرۋەردىگاردىن نىجاتلىق تىلەيدىغانلارنىڭ ھەممىسى قۇتقۇزۇلىدۇ.›»

22ئەي ئىسرائىل قېرىنداشلار، سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار. خۇدا ناسىرەلىك ئەيسا ئارقىلىق ئاراڭلاردا كۆرسەتكەن مۆجىزە ۋە كارامەتلىرى بىلەن ھەزرىتى ئەيسانى ئۆزىنىڭ ئەۋەتكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. بۇ ئىش ھەممىڭلارغا مەلۇم. 23ھەزرىتى ئەيسا خۇدانىڭ ئالدىنئالا بىلىشى ۋە پىلانى بويىچە سىلەرگە تاپشۇرۇلدى. سىلەر ئۇنى خۇدايىمىزغا ئىشەنمىگەن رەزىل ئادەملەرگە تۇتۇپ بېرىپ، كرېستكە مىخلىتىپ ئۆلتۈرگۈزدۈڭلار. 24لېكىن، ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن، خۇدا ئۇنى ئۆلۈمنىڭ ئىلكىدىن قۇتقۇزۇپ، قايتا تىرىلدۈردى. چۈنكى، ئۆلۈم ئۇنى چىرمىۋالالمىدى. 25پادىشاھ داۋۇت زەبۇردا ئۇ ھەققىدە مۇنداق ئالدىن ئېيتقان:

«مەن پەرۋەردىگارنىڭ دائىم يېنىمدا تۇرغانلىقىنى بىلدىم.

مەن ھەرگىز تەۋرەنمەيمەن. چۈنكى، ئۇ مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا تۇرۇپ، ماڭا ياردەم بېرىدۇ.

26شۇڭا، مەن ئۇنىڭغا خۇشاللىق بىلەن مەدھىيە ئوقۇيمەن.

ئۆلسەممۇ، تېنىم ئۈمىد ئىچىدە تۇرىدۇ.

27چۈنكى، سەن مېنى ئۆلۈكلەر دىيارىدا تاشلاپ قويمايسەن.

سېنىڭ سادىق خىزمەتكارىڭنىڭ تېنىنىڭمۇ چىرىشىگە يول قويمايسەن.

28ھەقىقىي ھاياتلىققا يېتەكلەيدىغان يولنى ماڭا كۆرسەتتىڭ.

ئەمدى سەن مېنى ھۇزۇرۇڭدا خۇشاللىققا چۆمدۈرىسەن.»

29قېرىنداشلار، سىلەرگە ئېنىق ئېيتالايمەنكى، بۇ سۆزلەر چوقۇم پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئۆزىگە قارىتىلمايدۇ. چۈنكى، ئەجدادىمىز داۋۇت ئالەمدىن ئۆتۈپ، يەرگە كۆمۈلدى. ئۇنىڭ قەبرىسى بۈگۈنگىچە بۇ يەردە ساقلانماقتا. 30ئۇ بولسا پەيغەمبەر بولۇپ، خۇدانىڭ ئۇنىڭ تەختىگە ئۆز ئەۋلادىدىن بىرەيلەننى ۋارىسلىق قىلدۇرۇشقا قەسەم بىلەن ۋەدە بەرگەنلىكىنى بىلەتتى. 31پادىشاھ داۋۇت خۇدانىڭ ئالدىن ئېيتقانلىرىنىڭ چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلىپ، قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنى، يەنى ئۆلۈكلەر دىيارىدا تاشلاپ قويۇلمايدىغانلىقىنى ۋە تېنىنىڭ چىرىمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. 32بۇ سۆز خۇدا ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن ھەزرىتى ئەيساغا قارىتىلغان بولۇپ، بىز بۇ ئىشنىڭ گۇۋاھچىلىرى. 33خۇدا ئۇنى تىرىلدۈرۈپ ئەرشكە ئېلىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنى چوڭ شان-شەرەپكە ئىگە قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرغۇزدى. ھەزرىتى ئەيسا خۇدائاتا ۋەدە قىلغان مۇقەددەس روھنى ئۇنىڭدىن ئالدى ۋە ھازىر كۆرۈۋاتقان، ئاڭلاۋاتقانلىرىڭلاردەك، بۇ روھنى بىزلەرگە چۈشۈردى.

3435پادىشاھ داۋۇت ھەرگىز ئەرشكە چىقمىغان. ئۇنىڭ يازغان مۇنۇ سۆزلىرىمۇ قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھكە قارىتىلغان:

«پەرۋەردىگار خوجايىنىمغا ئېيتتىكى:

‹مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى

ئايىغىڭ ئاستىدا دەسسەتكۈچە،

مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا ئولتۇرغىن!›»

36شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەي ئىسرائىل قېرىنداشلار، شۇنى قەتئىي بىلىشىڭلار كېرەككى، خۇدا سىلەر كرېستكە مىخلاپ ئۆلتۈرگەن ھەزرىتى ئەيسانى ھەم رەببىمىز، ھەم بىزنى گۇناھلىرىمىزدىن ئازاد قىلىدىغان قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھ قىلىپ تەيىنلىدى! _ دېدى.

37پېترۇسنىڭ بۇ سۆزلىرى ئاڭلىغۇچىلارغا يۈرەككە سانجىلغان خەنجەردەك كۈچلۈك تەگدى. ئۇلار قايىل بولغىنىدىن پېترۇس ۋە باشقا ئەلچىلەردىن:

_ قېرىنداشلار، ئۇنداقتا قۇتقۇزۇلۇش ئۈچۈن قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ _ دەپ سوراشتى.

38پېترۇس ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ گۇناھلىرىڭلارنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن، يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، توۋا قىلىڭلار ھەمدە ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانلىقىڭلارنى كۆرسىتىش ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، خۇدا سىلەرگە مۇقەددەس روھنى ئاتا قىلىدۇ. 39بۇ ۋەدىگە سىلەر ۋە سىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىڭلار ھەمدە دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدا ياشاۋاتقانلارمۇ ئېرىشەلەيدۇ. چۈنكى، رەببىمىز خۇدا ئۆزى چاقىرغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئۆزىنىڭ روھىنى ئاتا قىلىدۇ.

40پېترۇس يەنە نۇرغۇن سۆزلەر بىلەن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇردى ۋە ئۇلارغا:

_ سىلەر ئۆزۈڭلارنى خۇدانىڭ بۇ زاماننىڭ چىرىپ كەتكەن كىشىلىرىگە كېلىدىغان جازاسىدىن قۇتۇلدۇرۇڭلار! _ دەپ ئاگاھلاندۇردى. 41نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىپ، چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى. شۇ كۈنى، ئۈچ مىڭچە كىشى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە قوشۇلدى. 42ئۇلار باشقا ئېتىقادچىلار بىلەن دائىم جەم بولۇشۇپ ئەلچىلەرنىڭ تەلىمىنى ئاڭلاپ، ھەزرىتى ئەيسانى خاتىرىلەش ئۈچۈن ناننى بۆلۈشۈپ يېيىشەتتى ۋە دۇئا قىلىشاتتى.

ئېتىقادچىلار ئارىسىدىكى ئىناقلىق

43ئەلچىلەر نۇرغۇن مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسەتتى. خالايىقنى قورقۇنچ باستى. 44پۈتۈن ئېتىقادچىلار داۋاملىق بىللە ئىناق ياشاپ، سېنىڭ-مېنىڭ دېيىشمەي، بارىغا دوست بولۇشتى. 45مال-مۈلۈكلىرىنى سېتىپ، پۇلىنى ھەركىمنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ تەقسىم قىلىشتى. 46ھەر كۈنى، مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىسىغا كىرىپ، ئىبادەت قىلىشاتتى. ئۆيلىرىدىمۇ خۇشال-خۇراملىق ۋە ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن بىر-بىرىنى مېھمان قىلىشىپ، ھەزرىتى ئەيسانى خاتىرىلەش ئۈچۈن ناننى بۆلۈشۈپ يېيىشەتتى. 47ئۇلار خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشۇپ، پۈتۈن شەھەردىكىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى. خۇدا ھەر كۈنى يېڭى ئېتىقادچىلارنى ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قوشاتتى.



*17ئاخىر زامان _ مەزكۇر ئايەتتە بۇ ئۇقۇم ئەيسا مەسىھنىڭ بىرىنچى قېتىم بۇ دۇنياغا كېلىشىدىن تارتىپ، ئىككىنچى قېتىم كېلىشىگىچە بولغان ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ.



 

3

پېترۇس بىلەن يۇھاننانىڭ توكۇر ئادەمنى ساقايتىشى

1بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچلەردە، يەھۇدىيلار ئادىتى بويىچە مەركىزىي ئىبادەتخانىدا دۇئا قىلىدىغان ۋاقىتتا، پېترۇس بىلەن يۇھاننامۇ ئىبادەتخانىغا باردى. 2ئۇلار مەركىزىي ئىبادەتخانىغا يېقىنلاشقاندا، بىر تۇغما توكۇر ئادەممۇ بۇ يەرگە ئەكېلىنىۋاتقانىدى. ھەر كۈنى، كىشىلەر ئۇنى ئىبادەتخانىغا كىرگەنلەردىن سەدىقە تىلەپ جان باقسۇن دەپ، مەركىزىي ئىبادەتخانىنىڭ «گۈزەل دەرۋازا» دەپ ئاتىلىدىغان ئىشىكى ئالدىغا ئەكېلىپ قوياتتى. 3توكۇر ئادەم پېترۇس بىلەن يۇھاننانىڭ مەركىزىي ئىبادەتخانىغا كىرىپ كېتىۋاتقىنىنى كۆرۈپ، ئۇلاردىن سەدىقە تىلىدى. 4ئۇلار توكۇر ئادەمگە دىققەت بىلەن قارىغاندىن كېيىن، پېترۇس:

_ بىزگە قارا! _ دېدى.

5تىلەمچى ئۇلاردىن بىر نەرسە كۈتۈپ، كۆزلىرىنى تىكىپ قاراپ تۇراتتى. 6بىراق، پېترۇس ئۇنىڭغا:

_ مەندە ئالتۇن ياكى كۈمۈش يوق. لېكىن، قولۇمدا بارىنى ساڭا بېرەي. ناسىرەلىك ئەيسا مەسىھنىڭ نامى بىلەن بۇيرۇيمەنكى، ئورنۇڭدىن تۇرۇپ ماڭ! _ دېدى-دە، 7ئۇنى ئوڭ قولىدىن تارتىپ، يۆلەپ تۇرغۇزدى. ئۇ ئادەمنىڭ پۇت ۋە ئوشۇق بېغىشلىرىغا شۇئان كۈچ كىرىپ، 8ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ مېڭىشقا باشلىدى. ئۇ مېڭىپ ۋە سەكرەپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇغان ھالدا ئۇلار بىلەن بىللە مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىسىغا كىردى. 9ئۇنىڭ مېڭىپ خۇداغا مەدھىيە ئوقۇغانلىقىنى كۆرگەن جامائەت 10ئۇنىڭ مەركىزىي ئىبادەتخانىنىڭ «گۈزەل دەرۋازا»سى ئالدىدا تىلەمچىلىك قىلىپ ئولتۇرىدىغان ھېلىقى كىشى ئىكەنلىكىنى تونۇپ، داڭ قېتىپ قېلىشتى.

پېترۇسنىڭ مەركىزىي ئىبادەتخانىدىكى سۆزلىرى

11ھەممە ئادەم ھېلىقى پۇتى ساقايغان ئادەمنى كۆرۈش ئۈچۈن ئىبادەتخانىدىكى «سۇلايمان پېشايۋىنى» دېگەن يەرگە يۈگۈرۈپ كېلىشتى. ئۇلار ئۇنىڭ ساق پېتى پېترۇس بىلەن يۇھانناغا چىڭ ئېسىلىپ تۇرۇۋالغانلىقىنى كۆرۈپ، ھەيران بولۇشتى. 12بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن پېترۇس خالايىققا مۇنداق دېدى:

_ ئىسرائىل قېرىنداشلار! بۇ ئىشقا نېمانچە ھەيران بولىسىلەر؟ بىزگە نېمانچە تىكىلىپ قارايسىلەر؟ سىلەر بىزنى ئۆز كۈچ-قۇدرىتى ياكى ئىخلاسمەنلىكىگە تايىنىپ بۇ ئادەمنى ماڭدۇردى، دەپ ئويلامسىلەر؟ 13ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! ۋەھالەنكى، ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپ قاتارلىق ئەجدادلىرىمىز ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئۆزىنىڭ خىزمەتكارى بولغان ھەزرىتى ئەيسانىڭ شان-شەرىپىنى نامايان قىلدى. سىلەر شۇ ھەزرىتى ئەيسانى كېڭەشمىگە تۇتۇپ بەردىڭلار. ۋالىي پىلاتۇس ئۇنى قويۇپ بەرمەكچى بولغان بولسىمۇ، سىلەر پىلاتۇسنىڭ ئالدىدا ئۇنى رەت قىلىپ، «ئۆلتۈرۈش كېرەك!» دېدىڭلار. 14مۇقەددەس ۋە ئادىل بولغان ھەزرىتى ئەيسانى رەت قىلىپ، ۋالىي پىلاتۇستىن ئۇنىڭ ئورنىغا بىر قاتىلنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدىڭلار. 15شۇنداق قىلىپ، ھاياتلىقنى ياراتقۇچىنى ئۆلتۈردۈڭلار! بىراق، خۇدا ئۇنى تىرىلدۈردى. بىز مانا بۇ ۋەقەنىڭ گۇۋاھچىلىرى. 16مانا شۇ ھەزرىتى ئەيساغا قىلغان ئېتىقادىمىز بىلەن، بۇ توكۇر ئادەمگە كۈچ كىردى. سىلەر كۆرۈپ تۇرغان ۋە تونۇيدىغان بۇ ئادەم ھەزرىتى ئەيساغا بولغان ئېتىقاد ئارقىلىق ساپمۇساق بولدى. سىلەرمۇ بۇنى كۆردۈڭلار.

17قېرىنداشلار، مەن ئىشىنىمەنكى، سىلەر ۋە باشلىقلىرىڭلار ھەزرىتى ئەيساغا شۇنچە يامانلىق قىلغاندا، ئۆزۈڭلارنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىڭلارنى بىلمەيتتىڭلار. 18مانا بۇ خۇدانىڭ قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ئۆلىدىغانلىقى توغرىسىدا پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئالدىن ئېيتقانلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىدۇر. 19شۇنىڭ ئۈچۈن، ھازىر يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، توۋا قىلىڭلار! خۇدانىڭ يولىغا قايتىڭلار! شۇنداق قىلغاندا، خۇدا گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرۈم قىلىدۇ. 20ئۇ سىلەرگە يېڭى كۈچ ئاتا قىلىپ، ئۆزى بىز ئۈچۈن تەيىنلىگەن قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھ بولغان ئەيسانى قېشىڭلارغا قايتىدىن ئەۋەتىدۇ. 21خۇدا بۇرۇنقى زامانلاردا مۇقەددەس پەيغەمبەرلىرى ئارقىلىق جاكارلىغىنىدەك، ھەممە مەۋجۇداتلار يېڭىلىنىدىغان ۋاقىت كەلمىگۈچە، ھەزرىتى ئەيسا ئەرشتە تۇرىدۇ. 22مۇسا پەيغەمبەر ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدە مۇنداق دېگەنىدى: «پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئۆز قېرىنداشلىرىڭلار ئارىسىدىن ماڭا ئوخشاش بىر پەيغەمبەر تىكلەيدۇ. ئۇنىڭ سۆزلىرىگە تولۇق ئەمەل قىلىشىڭلار كېرەك! 23چۈنكى، بۇ پەيغەمبەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمايدىغانلار خۇدانىڭ خەلقى قاتارىدىن چىقىرىلىپ يوقىتىلىدۇ.»

24دەرۋەقە، سامۇئىل پەيغەمبەر ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن كېلىپ خۇدانىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى بۇ كۈنلەردە ھەزرىتى ئەيسا توغرىسىدا يۈز بېرىدىغان ئىشلارنىمۇ ئالدىن ئېيتقان. 25سىلەر بۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەۋلادلىرىسىلەر ۋە خۇدا ئەجدادىڭلار بىلەن تۈزگەن ئەھدىنىڭ مىراسخورلىرىسىلەر. چۈنكى، خۇدا ئەجدادىمىز ئىبراھىمغا: «سېنىڭ ئەۋلادىڭ ئارقىلىق يەر يۈزىدىكى ھەممە خەلقلەرگە بەخت ئاتا قىلىمەن» دەپ ۋەدە بېرىپ ئەھدە قىلغان. 26شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا ھەربىرىڭلارنى يامان يوللىرىڭلاردىن قايتۇرۇپ، بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، خىزمەتكارى ھەزرىتى ئەيسانى تىكلەپ، ئۇنى ئاۋۋال سىلەرگە ئەۋەتتى. 




4

پېترۇس بىلەن يۇھاننانىڭ ئالىي كېڭەشمىدە سوراق قىلىنىشى

1پېترۇس بىلەن يۇھاننا خالايىققا گەپ قىلىۋاتقاندا، بىرنەچچە مويسىپىت روھانىيلار، مەركىزىي ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرىنىڭ باشلىقى ۋە سادۇقىي دىنىي ئېقىمىدىكى بىرنەچچەيلەن كېلىپ قالدى. 2ئەلچىلەر خالايىققا: «خۇدا ھەزرىتى ئەيسانى ئاساس قىلىپ، ئۆلگەنلەرنى تىرىلدۈرىدۇ» دەپ تەلىم بەرگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ كىشىلەر ئىنتايىن غەزەپلەندى. 3شۇڭا، ئۇلار پېترۇس بىلەن يۇھاننانى تۇتقۇن قىلدى. كەچ كىرىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار كېچىچە تۇتۇپ تۇرۇلدى. 4لېكىن، ئەلچىلەرنىڭ تەلىملىرىنى ئاڭلىغانلارنىڭ كۆپى ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى. شۇنداق قىلىپ، ھەزرىتى ئەيساغا ئەگىشىدىغان ئەرلەرنىڭ سانىلا بەش مىڭغا يەتتى.

5ئەتىسى، يەھۇدىيلارنىڭ كېڭەشمىسىدىكى بارلىق باشلىق، ئاقساقال ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى يېرۇسالېمدا توپلاندى. 6ئۇلارنىڭ ئارىسىدا باش روھانىي ھاننان، قاياپا، يەھيا، ئىسكەندەر ۋە باش روھانىينىڭ باشقا تۇغقانلىرىمۇ بار ئىدى. 7ئۇلار پېترۇس بىلەن يۇھاننانى ئالدىغا چاقىرتىپ:

_ سىلەر بۇ ئىشنى قايسى كۈچ-قۇدرەتكە تايىنىپ، كىمنىڭ نامى بىلەن قىلدىڭلار؟ _ دەپ سورىدى.

8پېترۇس مۇقەددەس روھقا چۆمگەن ھالدا مۇنداق دېدى:

_ خەلقىمىزنىڭ ھۆرمەتلىك رەھبەرلىرى ۋە ئاقساقاللىرى! 9ئەگەر بىز بۈگۈن بۇ توكۇر ئادەمگە كۆرسەتكەن ياخشى ئىش ھەم ئۇنىڭ قانداق ساقايتىلغانلىقى سەۋەبلىك سوراققا تارتىلغان بولساق، 10سىلەر ۋە پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، ئۇنى پۈتۈنلەي ساقايتىپ ئالدىڭلاردا تۇرغۇزغان كۈچ-قۇدرەت ناسىرەلىك ئەيسا مەسىھنىڭ كۈچ-قۇدرىتىدۇر! سىلەر ھەزرىتى ئەيسانى كرېستكە مىخلاپ ئۆلتۈرگەن بولساڭلارمۇ، لېكىن خۇدا ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈردى.

11مۇقەددەس يازمىلاردا ئۇ ھەققىدە مۇنداق يېزىلغان:

«تامچىلار تاشلىۋەتكەن بۇ تاش

قۇرۇلۇشنىڭ ئۇل تېشى بولۇپ قالدى.»

ھەزرىتى ئەيسا دەل شۇ «تاش»تۇر! 12پەقەت ھەزرىتى ئەيسالا بىزنى قۇتقۇزالايدۇ. چۈنكى، پۈتكۈل ئىنسانىيەت دۇنياسىدا ھەزرىتى ئەيسادىن باشقا، خۇدا تەيىنلىگەن ھېچقانداق قۇتقۇزغۇچى يوقتۇر!

13پېترۇس بىلەن يۇھاننانىڭ بۇ جۈرئىتىنى كۆرگەن كېڭەشمە ھەيئەتلىرى ئۇلارنىڭ ئوقۇمىغان ئادەتتىكى ئادەملەردىن ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ھەيران بولۇشتى. ئۇلارنىڭ بۇرۇن ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىللە بولغانلىقىنىمۇ بىلدى. 14لېكىن، ساقىيىپ كەتكەن ھېلىقى ئادەم پېترۇس بىلەن يۇھاننانىڭ يېنىدا پاكىت بولۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ھېچقانداق گەپ ياندۇرالمىدى. 15شۇنىڭ بىلەن، كېڭەشمە ھەيئەتلىرى ئۇلارنى كېڭەشمىدىن چىقىشقا بۇيرۇدى. ئاندىن:

16_ بۇلارنى قانداق قىلىمىز؟ ئۇلار كۆرسەتكەن ئاجايىپ مۆجىزىنى پۈتۈن يېرۇسالېم خەلقى بىلىدىكەن، بىز مۇنداق ئىش بولمىغان دېيىشكە ئامالسىز. 17لېكىن، بۇ ئىشنىڭ خەلق ئىچىدە تېخىمۇ كەڭ تارقىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلارغا بۇندىن كېيىن ئەيسا توغرىسىدا ھېچكىمگە بىر نېمە دېمەسلىككە ئاگاھلاندۇرۇش بېرەيلى! _ دەپ مەسلىھەت قىلىشتى.

18شۇنداق قىلىپ، ئۇلار ئەلچىلەرنى چاقىرتىپ، قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بۇندىن كېيىن ھەزرىتى ئەيسانىڭ نامىدا سۆزلەپ تەلىم بەرمەسلىكنى بۇيرۇدى. 19لېكىن، پېترۇس بىلەن يۇھاننا:

_ خۇدانىڭ ئالدىدا سىلەرگە بويسۇنۇش توغرىمۇ ياكى خۇداغىمۇ؟ بۇنىڭغا ئۆزۈڭلار بىر نېمە دەڭلار! 20ئەمما بىز كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىمىزنى ئېيتماي تۇرالمايمىز! _ دەپ جاۋاب بەردى.

21كېڭەشمە ھەيئەتلىرى بولسا خالايىقتىن قورقۇپ، ئەلچىلەرنى جازالاشقا لايىق سەۋەب تاپالماي، ئۇلارنى تېخىمۇ قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ، قويۇپ بەردى. چۈنكى، خالايىق خۇداغا مەدھىيە ئوقۇۋاتقان بولۇپ، 22بۇنىڭ سەۋەبى قىرىق يىلدىن بېرى توكۇر ھېلىقى ئادەمنىڭ ساقىيىپ كەتكەنلىكىدىن ئىدى.

ئېتىقادچىلارنىڭ بىر نىيەتتە دۇئا قىلىشى

23پېترۇس بىلەن يۇھاننا قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، باشقا ئېتىقادچىلارنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ، كېڭەشمىدىكى ئالىي روھانىيلار ۋە ئاقساقاللارنىڭ قىلغان سۆزلىرىنى كۆپچىلىككە ئۇقتۇردى. 24ئېتىقادچىلار بۇنى ئاڭلىغاندا، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە خۇداغا مۇنداق دۇئا قىلدى:

_ ئى ئىگىمىز، ئاسمان-زېمىن، دېڭىز-ئوكيانلارنى ۋە ئۇلاردىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنى ياراتقان ئۆزۈڭ. 25سەن مۇقەددەس روھ بىلەن خىزمەتكارىڭ بولغان ئەجدادىمىز پادىشاھ داۋۇت ئارقىلىق مۇنداق دېگەنغۇ:

«نېمە ئۈچۈن كاپىرلار خۇدادىن غەزەپلىنىدىغاندۇ؟

نېمە ئۈچۈن خەقلەر بىكاردىن-بىكار سۇيىقەست قىلىدىغاندۇ؟

26دۇنيادىكى پادىشاھلار سەپ تارتىپ،

خۇدا ۋە ئۇ تەيىنلىگەن قۇتقۇزغۇچىسىغا قارشى جەم بولۇشتى.»

27دەل شۇ ئەھۋال بىزنىڭ شەھىرىمىزدە يۈز بەردى! ھىرود خان بىلەن ۋالىي پىلاتۇس رىملىق لەشكەرلەر ۋە ئىسرائىل خەلقى بىلەن بىرلىشىپ، مۇقەددەس خىزمەتكارىڭ، ئۆزۈڭ تەيىنلىگەن قۇتقۇزغۇچى ئەيساغا قارشى توپلاندى. 28ئۇلار بىلمەستىنلا ئۆز كۈچ-قۇدرىتىڭ ۋە ئىرادەڭ بىلەن بۇرۇنلا ئورۇنلاشتۇرغان ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

29ئى رەببىمىز، ئەمدى ئۇلارنىڭ سېنىڭ خىزمەتكارلىرىڭ بولغان بىزگە سېلىۋاتقان تەھدىتلىرىنى كۆرگەيسەن! سۆزلىرىڭنى يۈرەكلىك يەتكۈزۈشىمىزگە مەدەت بەرگەيسەن. 30ئۆز قۇدرىتىڭنى كۆرسىتىپ، مۇقەددەس خىزمەتكارىڭ ئەيسانىڭ نامىدىن كېسەللەرنى ساقايتىپ، مۆجىزە ۋە كارامەتلەر ياراتقايسەن.

31ئۇلارنىڭ دۇئالىرى ئاياغلاشقاندا، ئۇلارنىڭ تۇرغان يېرى تەۋرىنىپ كەتتى. ئۇلار مۇقەددەس روھقا چۆمۈپ، خۇدانىڭ سۆزلىرىنى يۈرەكلىك يەتكۈزۈشكە باشلىدى.

ئېتىقادچىلارنىڭ پۇل-ماللىرىدىن تەڭ پايدىلىنىشى

32ئېتىقادچىلار بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئىدى. ھېچكىم ئۆزىگە تېگىشلىك پۇل-مېلىنى «ئۆزۈمنىڭ» دېمەيتتى، بارىغا ئورتاق ئىدى. 33ئەلچىلەر خۇدانىڭ زور كۈچ-قۇدرىتى بىلەن رەببىمىز ئەيسانىڭ تىرىلگەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرەتتى. خۇدا ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە مول بەخت ئاتا قىلغانىدى. 34ئۇلارنىڭ ھېچنېمىگە ھاجىتى چۈشمەيتتى. چۈنكى، بەزىلەر يەر-زېمىنى، ئۆي-جايىنى سېتىپ، 35پۇلىنى ئەلچىلەرگە تاپشۇراتتى. ئەلچىلەر پۇلنى ھەركىمنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ تەقسىم قىلاتتى.

36مەسىلەن، مەركىزىي ئىبادەتخانىدا ئىشلەيدىغان لاۋىيلاردىن سىپرۇستا تۇغۇلغان يۈسۈپ ئىسىملىك بىر ئېتىقادچى بار ئىدى. ئەلچىلەر ئۇنى بارنابا، يەنى «رىغبەتلەندۈرگۈچى» دەپ ئاتايتتى. 37ئۇمۇ ئۆزىنىڭ بىر پارچە ئېتىزىنى سېتىپ، پۇلىنى ئەلچىلەرگە تاپشۇردى. 




5

ھانانىيا بىلەن سەپىرە

1ھانانىيا ئىسىملىك يەنە بىر ئادەممۇ ئايالى سەپىرە بىلەن بىر پارچە يېرىنى ساتتى. 2ھانانىيا بىر قىسىم پۇلنى ئۆزىگە قالدۇردى. ئاشقان پۇلنى، «يېرىمىزنىڭ ھەممە پۇلى مۇشۇ» دەپ، ئەلچىلەرگە تاپشۇردى. ئايالىمۇ بۇنىڭدىن تولۇق خەۋەردار ئىدى.

3پېترۇس ئۇنىڭغا:

_ ھانانىيا، نېمىشقا قورسىقىڭغا شەيتاننى كىرگۈزۈپ، يەر ساتقان پۇلنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزۈڭگە قالدۇرۇش بىلەن مۇقەددەس روھقا يالغان ئېيتتىڭ؟ 4يەر سېتىلمىغاندا، سېنىڭ ئىدى. سېتىلغاندىن كېيىن، پۇلمۇ ئۆزۈڭنىڭ. شۇنداق تۇرۇقلۇق، يەنە نېمىشقا غەرەزلىك ھالدا: «پۇلنىڭ ھەممىسى مۇشۇ» دەپ كەلدىڭ؟ سەن ئىنسانغىلا ئەمەس، خۇداغىمۇ يالغان ئېيتتىڭ! _ دېدى.

5ھانانىيا بۇ سۆزنى ئاڭلىغان ھامان يىقىلىپ، جان ئۈزدى. بۇ ئىشنى ئاڭلىغۇچىلار بەك قورقۇشۇپ كەتتى. 6ياشلاردىن بىرنەچچىسى كىرىپ، جەسەتنى كېپەنلەپ، سىرتقا ئاپىرىپ دەپنە قىلدى.

7تەخمىنەن ئۈچ سائەتتىن كېيىن، ھانانىيانىڭ ئايالى كىرىپ كەلدى. بىراق، ئۇ بولغان ۋەقەدىن تېخى خەۋەر تاپمىغانىدى. 8پېترۇس ئۇنىڭدىن:

_ ماڭا ئېيتىڭ، سىلەر يەر ساتقان پۇلنىڭ ھەممىسى مۇشۇمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

_ شۇنداق، ھەممىسى شۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ.

9پېترۇس:

_ سىلەر نېمە ئۈچۈن مۇقەددەس روھنى سىناپ تىل بىرىكتۈردۈڭلار؟ قاراڭ، ئېرىڭىزنى دەپنە قىلىپ كەلگەنلەر ئىشىك ئالدىدا تۇرىدۇ، ئۇلار سىزنىمۇ ئەكېتىدۇ! _ دېدى.

10ئۇمۇ شۇئان پېترۇسنىڭ ئالدىغا يىقىلىپ، جان بەردى. ھېلىقى ياشلار كىرىپ، ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىمۇ ئېلىپ بېرىپ ئېرىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلدى. 11پۈتۈن ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنى ۋە بۇ ئىشنى ئاڭلىغانلارنى قاتتىق قورقۇنچ باستى.

ئەلچىلەر ياراتقان مۆجىزىلەر

12ئەلچىلەر خەلق ئىچىدە نۇرغۇن مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسەتتى. بارلىق ئېتىقادچىلار مەركىزىي ئىبادەتخانىدىكى «سۇلايمان پېشايۋىنى»دا دائىم جەم بولاتتى. 13كىشىلەر ئۇلارنى ھۆرمەتلىسىمۇ، بىراق ئۇلارغا قوشۇلۇشقا جۈرئەت قىلالمايتتى. 14شۇنداق بولسىمۇ، رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىلىپ، جامائەتچىلىككە قوشۇلغان ئەر-ئاياللار بارغانسېرى كۆپەيگىلى تۇردى. 15يارىتىلغان مۆجىزىلەر سەۋەبىدىن خەقلەر كېسەل كىشىلەرنى كوچىلارغا ئېلىپ چىقىپ، كۆرپە ۋە زەمبىللەرگە ياتقۇزۇپ قوياتتى. ئۇلار «پېترۇس يولدىن ئۆتكەندە، كېسەللەرگە قولىنى تەگكۈزمىسىمۇ، ھېچبولمىغاندا سايىسى چۈشۈپ، ساقىيىپ كەتسۇن!» دەپ ئويلايتتى. 16يەنە توپ-توپ كىشىلەر يېرۇسالېم يېنىدىكى شەھەر-يېزىلاردىن كېسەللەرنى ۋە جىن چاپلىشىۋالغان كىشىلەرنى ئېلىپ كېلەتتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ساقىيىپ قايتىشاتتى.

ئەلچىلەرنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى

17باش روھانىي ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرى، يەنى شۇ يەرلىك سادۇقىي دىنىي ئېقىمىدىكىلەر ئەلچىلەرنى زادى كۆرەلمەيتتى. 18شۇڭا، ئۇلار ئەلچىلەرنى تۇتۇپ، ھۆكۈمەت زىندانىغا قامىدى. 19لېكىن شۇ كېچە، خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسى زىنداننىڭ قاتمۇقات دەرۋازىلىرىنى ئېچىپ، ئەلچىلەرنى ئېلىپ چىقىپ، ئۇلارغا:

20_ سىلەر مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىسىغا كىرىپ، جامائەتكە يېڭى ھايات توغرىسىدىكى تەلىملەرنىڭ ھەممىسىنى ئېيتىڭلار، _ دەپ بۇيرۇدى.

21ئەلچىلەر بۇ سۆز بويىچە تاڭ ئاتقاندا مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىسىغا كىرىپ، كىشىلەرگە تەلىم بېرىشكە باشلىدى.

باش روھانىي ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرى ئەلچىلەرنى سوراق قىلىش ئۈچۈن، ئىسرائىللارنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرىنى ئالىي كېڭەشمىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا چاقىردى. ئاندىن، زىنداندىكى ئەلچىلەرنى ئېلىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتتى. 22لېكىن، ئۇلار زىندانغا يېتىپ بارغاندا، ئەلچىلەرنىڭ ئۇ يەردە يوقلۇقىنى بايقاپ قايتىپ بېرىپ، كېڭەشمىدىكىلەرگە:

23_ بىز زىندانغا بارساق، ئۇنىڭ ئىشىكى مەھكەم قۇلۇپلاقلىق تۇرۇپتۇ. سىرتىدا قاراۋۇللارمۇ ساقلاپ تۇرۇپتۇ. لېكىن، ئىشىكنى ئېچىپ قارىساق، ئىچىدە بىرمۇ ئادەم يوق! _ دەپ مەلۇمات بەردى.

24مەركىزىي ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرىنىڭ باشلىقى ۋە ئالىي روھانىيلار بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، گاڭگىراپ قېلىشتى. «ئەمدى بۇ ئىش قانداق بولار» دەپ، ئۆز-ئۆزىدىن سوراشقا باشلىدى. 25دەل شۇ چاغدا، بىر كىشى كىرىپ:

_ سىلەر زىندانغا تاشلىغان ئادەملەر مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىسىدا جامائەتكە تەلىم بېرىۋاتىدىغۇ! _ دەپ خەۋەر قىلدى.

26بۇنىڭ بىلەن، ھېلىقى قاراۋۇللار باشلىقى قول ئاستىدىكىلەرنى باشلاپ بېرىپ، ئەلچىلەرنى ئېلىپ كەلدى. بىراق، خەلقنىڭ ئۆزلىرىنى چالما-كېسەك قىلىشىدىن قورقۇپ، ئۇلارغا زورلۇق ئىشلەتمىدى.

27ئۇلار ئەلچىلەرنى ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇلارنى كېڭەشمە ھەيئەتلىرى ئالدىدا تۇرغۇزدى. باش روھانىي ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىشقا باشلاپ:

28_ بىز سىلەرنى ئەيسا ھەققىدە كىشىلەرگە تەلىم بەرمەڭلار، دەپ قاتتىق چەكلىگەنىدۇق. لېكىن، سىلەر يەنە شۇ تەلىمىڭلارنى پۈتۈن يېرۇسالېمغا يايدىڭلار ھەمدە ئەيسانىڭ قان قەرزىنى بىزگە ئارتماقچى بولۇۋاتىسىلەر! _ دېدى.

29پېترۇس ۋە باشقا ئەلچىلەر جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

_ بىز ئىنسانغا ئەمەس، خۇداغا بويسۇنۇشىمىز كېرەك! 30سىلەر ھەزرىتى ئەيسانى كرېستكە مىخلاپ ئۆلتۈردۈڭلار. لېكىن، ئەجدادلىرىمىز ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئۇنى تىرىلدۈردى. 31خۇدا ئىسرائىل خەلقىنىڭ گۇناھلىرىغا توۋا قىلىپ، كەچۈرۈمگە ئېرىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن، ھەزرىتى ئەيسانى يېتەكچى ھەم قۇتقۇزغۇچى قىلىپ ئۆزىنىڭ ئوڭ يېنىغا ئولتۇرغۇزدى. 32بىز بۇ ئىشلارنىڭ گۇۋاھچىلىرى. خۇدا ئۆزىگە ئىتائەت قىلغۇچىلارغا ئاتا قىلغان مۇقەددەس روھمۇ بۇ ئىشلارنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

33ئالىي كېڭەشمە ھەيئەتلىرى بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئىنتايىن غەزەپلەندى ۋە ئەلچىلەرنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇشتى. 34لېكىن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پۈتۈن خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان پەرىسىي دىنىي ئېقىمىدىكى غامالىيىل ئىسىملىك بىر تەۋرات ئۇستازى بار ئىدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ:

_ ئۇلارنى بىر دەم سىرتقا چىقىرىپ تۇرۇڭلار، _ دەپ بۇيرۇدى.

35ئاندىن، ئۇ كېڭەشمە ھەيئەتلىرىگە مۇنداق دېدى:

_ ئەي ئىسرائىللار، سىلەر بۇ كىشىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئېھتىيات قىلىڭلار! 36ئۆتكەندە، ھېلىقى ئەبلەخ تەۋداس ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ، ۋەقە چىقاردى. ئۇنىڭغا تەخمىنەن تۆت يۈز ئادەم ئەگەشكەنىدى. بىراق، ئۇ رىملىقلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. ئەگەشكۈچىلىرى تارقىلىپ كېتىپ، ئىشى يوققا چىقتى. 37كېيىن نوپۇس تىزىملاش ۋاقتىدا، جەلىلىيىلىك يەھۇدامۇ باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، بىر توپ كىشىنى توپلاپ ئۆزىگە ئەگەشتۈرگەن. ئۇمۇ ئۆلتۈرۈلۈپ، ئەگەشكۈچىلىرىمۇ تارقىتىۋېتىلگەن. 38ئەمدى بۇ كىشىلەرگە كەلسەك، مېنىڭچە ئەڭ ياخشىسى ئۇلارنى قويۇپ بېرىڭلار. ئۇلار بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن! ئەگەر ئۇلارنىڭ مەقسىتى ۋە قىلىۋاتقىنى پەقەت ئىنساننىڭ ئىشى بولسىلا، جەزمەن مەغلۇپ بولىدۇ. 39ئەگەر خۇدادىن بولسا، سىلەر ئۇلارنى يوقىتالمايسىلەر! ھەتتا ئۆزۈڭلارنى خۇداغا قارشى ئورۇنغا قويغان بولىسىلەر!

ئالىي كېڭەشمە غامالىيىلنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى 40ۋە ئەلچىلەرنى چاقىرتىپ كىرىپ، ئۇلارنى قامچىلىتىپ، ھەرگىز ھەزرىتى ئەيسا توغرۇلۇق تەلىم بەرمەسلىكنى بۇيرۇدى. ئاندىن، ئۇلارنى قويۇپ بەردى. 41ئەلچىلەر كېڭەشمىدىن چىقىپ، خۇدانىڭ ئۆزلىرىنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ نامى ئۈچۈن خورلۇق ئازابى چېكىشكە لايىق كۆرگەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولۇشتى. 42ئۇلار يەنىلا ھەر كۈنى مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىسىدا ۋە ئۆيلىرىدىمۇ تەلىم بېرىپ، «ھەزرىتى ئەيسا _ قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھتۇر!» دەپ، توختىماستىن خۇش خەۋەر تارقىتىۋەردى. 




6

خىزمەتكە تاللانغان يەتتە كىشى

1شۇ كۈنلەردە، ئېتىقادچىلارنىڭ سانى كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىپ بارماقتا ئىدى. بىراق، گرېكچە سۆزلەيدىغان بەزى يەھۇدىيلار يەرلىك يەھۇدىيلاردىن رەنجىپ قالغانىدى. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، كۈندىلىك تاماقنى تەقسىم قىلىشتا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى تۇل ئاياللارغا بېرىلگەن تاماق باشقىلارنىڭكىدىن ئاز ئىكەن. 2شۇڭا، ئون ئىككى ئەلچى پۈتۈن ئېتىقادچىلارنى يىغىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ بىز ئەلچىلەرنىڭ خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزۈش خىزمىتىنى تاشلاپ قويۇپ، ئوزۇق-تۈلۈك تەقسىملەش بىلەن بولۇپ كېتىشىمىز توغرا ئەمەس. 3شۇنىڭ ئۈچۈن قېرىنداشلار، ئاراڭلاردىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان، مۇقەددەس روھقا چۆمگەن، دانا كىشىدىن يەتتىنى تاللاڭلار. بۇ ئىشلارنى شۇلار باشقۇرسۇن. 4بىز بولساق ئۆزىمىزنى دۇئا قىلىش ۋە خۇش خەۋەر ھەققىدە تەلىم بېرىشكە بېغىشلايلى.

5ئەلچىلەرنىڭ تەكلىپىگە ھەممەيلەن قوشۇلۇشتى. شۇنىڭ بىلەن، كۆپچىلىك ئىمانى كامىل ۋە مۇقەددەس روھقا چۆمگەن ئىستىپان ئىسىملىك بىر ئېتىقادچىنى تاللىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، فىلىپ، پروكورۇس، نىكانور، تىمون، پارمېناس ھەمدە بۇرۇن يەھۇدىي دىنىغا كىرگەن ئانتاكيالىق نىكولاسلارنى تاللاپ، 6ئۇلارنى ئەلچىلەرنىڭ ئالدىغا ئېلىپ چىقتى. ئەلچىلەر ئۇلارنى بۇ خىزمەتكە تەيىنلەش ئۈچۈن، قوللىرىنى ئۇلارنىڭ ئۇچىسىغا تەگكۈزۈپ تۇرۇپ دۇئا قىلىشتى.

7خۇدانىڭ سۆزى داۋاملىق تارقالغانسېرى، يېرۇسالېمدىكى ئېتىقادچىلارنىڭ سانىمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى. نۇرغۇن روھانىيلارمۇ ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى.

ئىستىپاننىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى

8خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ۋە كۈچ-قۇدرىتىگە تولغان ئىستىپان خەلق ئىچىدە زور مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسەتتى. 9بىراق، كىرىنى ۋە ئىسكەندەرىيە شەھەرلىرى ھەم كىلىكىيە ۋە ئاسىيا ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن، قۇللۇقتىن ئازاد بولغانلىقى ئۈچۈن «ھۆرلەر» دەپ ئاتالغان ئىبادەتخانىنىڭ ئەزالىرى بولغان بەزى يەھۇدىيلار ئىستىپانغا قارشى چىقىپ، ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرە قىلىشقا باشلىدى. 10لېكىن، مۇقەددەس روھ ئىستىپانغا ئەقىل-پاراسەت بەرگەچكە، ئۇلار ئۇنىڭ سۆزلىرىگە تاقابىل تۇرۇشقا ئامالسىز قالدى. 11بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار بەزى ئادەملەرنىڭ گېلىنى ياغلاپ:

_ بىز بۇ ئادەمنىڭ مۇسا پەيغەمبەر ۋە خۇداغا قارىتا كۇپۇرلۇق سۆزلىگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق، _ دەپ تۆھمەت قىلدۇردى.

12ئۇلار مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن خەقنى، ئاقساقاللارنى ۋە تەۋرات ئۇستازلىرىنى قۇترىتىپ، ئىستىپاننى تۇتقۇن قىلدۇرۇپ، ئۇنى ئالىي كېڭەشمىگە ئېلىپ باردى. 13ئۇلارغا سېتىلغان ساختا گۇۋاھچىلار ئوتتۇرىغا چىقىپ:

_ بۇ ئادەم ھەمىشە بۇ مۇقەددەس مەركىزىي ئىبادەتخانىمىزغا ۋە تەۋرات قانۇنىمىزغا قارشى سۆزلەرنى قىلىدۇ. 14بىز ئۇنىڭ: «ناسىرەلىك ئەيسا بۇ ئىبادەتخانىنى گۇمران قىلىدۇ، مۇسا پەيغەمبەردىن مىراس قالغان ئەنئەنىۋى قائىدە-تۈزۈملىرىمىزنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ!» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق، _ دېدى.

15كېڭەشمىدە ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى ئىستىپانغا كۆز تىكىپ قارىغىنىدا، ئۇنىڭ چىرايىنىڭ خۇددى پەرىشتىنىڭ چىرايىغا ئوخشاش پارقىراۋاتقانلىقىنى كۆردى. 




7

ئىستىپاننىڭ ئۆزىنى ئاقلىشى

1باش روھانىي ئىستىپاندىن:

_ ئۇلارنىڭ ئەرزلىرى راستمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

2ئىستىپان مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ ئاتىلار ۋە ئاكا-ئۇكىلار، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار! ئەجدادىمىز ئىبراھىم تېخى مېسوپوتامىيە رايونىدىن ھاران شەھىرىگە كۆچۈپ بارمىغان ۋاقىتتا، شانۇشەۋكەتلىك خۇدا ئۇنىڭغا كۆرۈنۈپ: 3«سەن ئۆز يۇرتۇڭ ۋە ئۇرۇق-جەمەتىڭدىن ئايرىلىپ، مەن كۆرسەتمەكچى بولغان يەرگە بارغىن» دېگەنىدى. 4بۇنىڭ بىلەن، ئەجدادىمىز ئىبراھىم كالدانىلارنىڭ زېمىنى بولغان ئۆز يۇرتىنى تاشلاپ، ھاران شەھىرىگە بېرىپ ئورۇنلاشتى. ئاتىسى ئۆلگەندىن كېيىن، خۇدا ئۇنى بۇ جايغا، يەنى سىلەر ھازىر تۇرۇۋاتقان جايغا يۆتكەپ كەلدى. 5ئۇ ۋاقىتتا، خۇدا ئۇنىڭغا تەۋە بىر غېرىچمۇ يەر بەرمىگەنىدى. بىراق، ئىبراھىمنىڭ تېخىچە پەرزەنتى بولمىغان بولسىمۇ، خۇدا ۋەدە قىلىپ، بۇ زېمىننى ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا بەرمەكچى بولدى. 6خۇدا ئەجدادىمىز ئىبراھىمغا مۇنداق دېدى: «سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ مەلۇم بىر چەت دۆلەتتە مۇساپىرلىقتا تۆت يۈز يىل قۇل بولۇپ خورلۇقتا ياشايدۇ. 7بىراق، ئۇلارنى قۇل قىلغان خەلققە جازا بېرىمەن. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئەۋلادلىرىڭ ئۇ يەردىن چىقىپ، بۇ يەردە ماڭا ئىبادەت قىلىدۇ.»

8كېيىن، خۇدا ئىبراھىمغا: «سەن بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنىڭ بەلگىسى خەتنە قىلىش بولسۇن» دېدى. ئەجدادىمىز ئىبراھىمدىن ئىسھاق تۆرەلدى. ئۇ تۇغۇلۇپ سەككىزىنچى كۈنى، خەتنىسى قىلىندى. ئىسھاقتىن ئىسرائىللارنىڭ ئاتىسى بولغان ياقۇپ تۆرەلدى. ياقۇپتىن ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىنىڭ بوۋىلىرى بولغان ئون ئىككى ئوغۇل تۆرەلدى. ئۇلارنىڭمۇ خەتنىسى قىلىندى.

9كېيىن، ئەجدادىمىز ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى ئىنىسى يۈسۈپتىن ھەسەت قىلىپ، ئۇنى مىسىرغا بارىدىغان سودىگەرلەرگە قۇل ئورۇندا سېتىۋەتتى. لېكىن، خۇدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغاچقا، 10ئۇنى پۈتۈن تارتقان قىيىنچىلىقىدىن قۇتقۇزۇپ، ئۇنىڭغا دانىشمەنلىك ئاتا قىلىپ، مىسىر پادىشاھىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتۈردى. پادىشاھ ئۇنى مىسىرغا باش ۋەزىر ۋە ئوردىنىڭ باش غوجىدارى قىلدى. 11كېيىن، پۈتۈن مىسىر ۋە قانان يەرلىرىدە ئېغىر ئاچارچىلىق يۈز بېرىپ، زور ئاپەت بولدى. ئەجدادلىرىمىز ئوزۇق-تۈلۈكسىز قالدى. 12مىسىرنىڭ ئامبىرىدا ئاشلىق بارلىقىنى ئاڭلىغان ياقۇپ ئوغۇللىرىنى، يەنى ئەجدادلىرىمىزنى ئۇ يەرگە ئەۋەتتى. بىرىنچى قېتىم بارغاندا، ئۇلار ئىنىمىز يۈسۈپ ئۆلگەن دەپ، ئۇنى تونۇمىغانىدى. 13شۇڭا، ئىككىنچى قېتىم بارغاندا، ئەجدادىمىز يۈسۈپ ئاكىلىرىغا ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇلارنىمۇ پادىشاھقا تونۇشتۇردى. 14شۇنىڭ بىلەن، ئەجدادىمىز يۈسۈپ ئاتىسى _ ئەجدادىمىز ياقۇپنىڭ ئالدىغا ئاكىلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۇنى پۈتۈن ئائىلە-جەمەتى بىلەن، جەمئىي يەتمىش بەش كىشىنى مىسىرغا تەكلىپ قىلدى. 15ئەجدادىمىز ياقۇپ مىسىرغا بېرىپ، كېيىن ئەۋلادلىرى بىلەن شۇ يەردە ئالەمدىن ئۆتتى. 16ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى شەكەم شەھىرىگە قايتۇرۇلۇپ، ئەجدادىمىز ئىبراھىم بۇرۇن ھامۇرنىڭ ئوغۇللىرىدىن سېتىۋالغان يەرلىككە قويۇلدى.

17خۇدا ئەجدادىمىز ئىبراھىمغا: «سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى قۇللۇقتىن ئازاد قىلىمەن» دېگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ۋاقىت يېتىپ كېلىشكە ئاز قالغاندا، مىسىردىكى يەھۇدىيلارنىڭ نوپۇسى خېلى كۆپەيگەنىدى. 18ئۇ ۋاقىتتا، ئەجدادىمىز يۈسۈپنىڭ مىسىر خەلقىگە قىلغان ياخشى ئىشلىرىدىن خەۋىرى بولمىغان يېڭى بىر پادىشاھ مىسىردا تەختكە چىقتى. 19بۇ پادىشاھ ئەجدادلىرىمىزنى ھىيلە-مىكىرلەر بىلەن ئېزىپ خورلىدى، ھەتتا ئۇلارنى ئۆز بوۋاقلىرىنى تاشلىۋېتىشكە مەجبۇر قىلدى. 20مۇسا پەيغەمبەر مانا شۇ چاغلاردا تۇغۇلغانىدى. ئۇ خۇدانىڭ نەزىرىدە ئالاھىدە بالا ئىدى. ئاتا-ئانىسى ئۇنى ئۆيدە ئۈچ ئاي باققاندىن كېيىن، 21سىرتقا تاشلىۋېتىشكە مەجبۇر بولدى. بىراق، پادىشاھنىڭ قىزى ئۇنى قۇتقۇزۇپ، ئۆز ئوغلى قىلىپ چوڭ قىلدى. 22مۇسا پەيغەمبەر مىسىرلىقلارنىڭ ئالىي بىلىملىرى بىلەن تەربىيىلىنىپ، سۆز قابىلىيىتى ۋە ئىش بېجىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئادەم بولۇپ چىقتى.

23ئۇ قىرىق ياشلارغا كىرگەندە، ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان يەھۇدىيلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش قارارىغا كەلدى. 24ئۇ بىر مىسىرلىقنىڭ بىر يەھۇدىي قۇلنى سەۋەبسىزلا بوزەك قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى قوغداپ، يولسىزلىق قىلغان مىسىرلىقنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىپ بەردى. 25ئۇ، خۇدانىڭ مەن ئارقىلىق يەھۇدىيلارنى قۇتقۇزىدىغانلىقىنى يەھۇدىي قېرىنداشلىرىم چۈشىنىدىغۇ دەپ ئويلىغانىدى. لېكىن، ئۇلار بۇنى چۈشەنمىدى. 26ئەتىسى، مۇسا پەيغەمبەر ئىككى يەھۇدىي قېرىنداشنىڭ ئۇرۇشۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارنى ياراشتۇرماقچى بولۇپ: «سىلەر قېرىنداش تۇرۇپ، نېمىشقا بىر-بىرىڭلارغا يولسىزلىق قىلىسىلەر؟» دېدى.

27قېرىندىشىنى بوزەك قىلغان كىشى مۇسا پەيغەمبەرنى ئىتتىرىۋېتىپ: «كىم سېنى بىزگە باشلىق ياكى سوراقچى بولسۇن» دەپتۇ!؟ 28مېنىمۇ تۈنۈگۈنكى مىسىرلىقنى ئۆلتۈرگەندەك ئۆلتۈرمەكچىمۇسەن؟ دېدى. 29مۇسا پەيغەمبەر بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، بۇ ئىشنى باشقىلارمۇ بىلىدىغان ئوخشايدۇ دەپ قورقۇپ، مىسىردىن مىدىيان رايونىغا قېچىپ باردى ۋە ئۇ يەردە مۇساپىر بولۇپ تۇرۇپ قېلىپ، ئىككى ئوغۇلغا ئاتا بولدى.

30قىرىق يىلدىن كېيىن، مۇسا پەيغەمبەرگە سىناي تېغىنىڭ يېنىدىكى چۆلدە كۆيۈۋاتقان تىكەنلىكنىڭ ئوت يالقۇنىدا بىر پەرىشتە كۆرۈندى. 31بۇ ھالنى كۆرگەن مۇسا پەيغەمبەر ئىنتايىن ھەيران بولۇپ، تېگى-تەكتىنى بىلىش ئۈچۈن تىكەنلىكنىڭ يېنىغا باردى. بۇ چاغدا، ئۇ خۇدانىڭ: 32«مەن سېنىڭ ئەجدادلىرىڭ ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا بولىمەن» دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلىدى. مۇسا پەيغەمبەر قورقۇنچتا تىترەپ، قاراشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدى. 33خۇدا ئۇنىڭغا يەنە: «سەن تۇرۇۋاتقان يەر مۇقەددەستۇر. شۇڭا، ئايىغىڭنى سېلىۋەت! 34مەن مىسىردىكى بەندىلىرىمنىڭ خارلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلارنىڭ نالە-پەريادلىرىنى ھەقىقەتەن ئاڭلىدىم. شۇڭا، مەن ئۇلارنى قۇتقۇزغىلى چۈشتۈم. ئەمدى بارغىن. مەن سېنى مىسىرغا ئەۋەتەي!» دېدى.

35مانا شۇ مۇسا پەيغەمبەرنى ھېلىقى يەھۇدىيلار: «كىم سېنى بىزگە باشلىق ياكى سوراقچى بولسۇن دەپتۇ!؟» دەپ رەت قىلغانىدى. لېكىن، مۇسا پەيغەمبەرگە خۇدانىڭ پەرىشتىسى كۆيۈۋاتقان تىكەنلىكتە كۆرۈنۈپ: «ئىسرائىل خەلقىنى قۇتقۇزۇپ، ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىسەن» دەپ، ئۇنى مىسىرغا ئەۋەتتى. 36ئەنە شۇ مۇسا پەيغەمبەر خەلققە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇلارنى مىسىردىن چىقارغانىدى ھەمدە مىسىردا قىزىل دېڭىزنىڭ بويىدا ۋە قىرىق يىلنى ئۆتكۈزگەن شۇ چۆللەردە غايەت زور مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسەتكەنىدى. 37شۇ مۇسا پەيغەمبەر ئۆزى ئۇلارغا: «خۇدا قېرىنداشلىرىمىز ئارىسىدىن ماڭا ئوخشاش بىر پەيغەمبەرنى تىكلەيدۇ» دېگەنىدى. 38ئۇ چۆللەردە ئەجدادلىرىمىزغا باشچىلىق قىلغان ۋاقىتلاردا، سىناي تېغىدا خۇدانىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا يەنە كۆرۈنۈپ، سۆز قىلدى. مۇسا پەيغەمبەر ھاياتلىق بەخش ئېتىدىغان سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئۇنى ئەجدادلىرىمىزغا ۋە ئۇلار ئارقىلىق بىزگە يەتكۈزدى.

39شۇنداق بولسىمۇ، ئەجدادلىرىمىز مۇسا پەيغەمبەرنىڭ گېپىگە كىرمەي، ئۇنى رەت قىلىپ، كۆڭلىدە مىسىرغا قايتىشنى ئارزۇ قىلدى. 40مۇسا پەيغەمبەر سىناي تېغىدىن تېخى چۈشمىگەن ۋاقىتتا، ئۇلار ئۇنىڭ ئاكىسى ھارۇنغا: «بىزگە يول باشلايدىغان بۇتلار ياساپ بېرىڭ! بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان ھېلىقى مۇسانىڭ نېمە بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلەلمىدۇق» دېدى. 41شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار موزاي سۈرىتىدە بىر بۇت ياساپ، ئۇنىڭغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىپ، سەجدە قىلدى. ئۆز قوللىرى بىلەن ياسىغان بۇ بۇتنى خۇشال-خۇراملىق بىلەن تەبرىكلەشتى. 42بۇنى كۆرگەن خۇدا ئەجدادلىرىمىزدىن نەزىرىنى يۆتكەپ، ئۇلارنى ئۆز ئىختىيارىغا قويۇپ بەردى. ئۇلار ئاسماندىكى يۇلتۇزلارغا چوقۇنۇشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن، پەيغەمبەرلەر مۇقەددەس يازمىلاردا خاتىرىلىگەندەك، خۇدا ئۇلارنى مۇنداق ئەيىبلىدى:

«ئەي ئىسرائىللار! سىلەر قىرىق يىل جەريانىدا چۆلدە قۇربانلىق قىلغىنىڭلاردا،

ماڭا ئەمەس، بەلكى ئۆز قوللىرىڭلار بىلەن ياسىغان بۇتلارغا،

43يەنى ‹مولوخ›نىڭ چېدىرى ۋە ‹رىفان›نىڭ يۇلتۇز شەكىللىك سۈرىتىنى كۆتۈرۈپ مېڭىپ، ئۇلارغا سەجدە قىلدىڭلار!

شۇڭلاشقا، سىلەرنى بابىل شەھىرىنىڭ چەتلىرىگە قوغلاپ، سۈرگۈن قىلىمەن!»

44ئەجدادلىرىمىز چۆلدە ياشىغان ۋاقتىدا، ئەھدە چېدىرى دەپمۇ ئاتالغان ئىبادەت چېدىرى تىككەنىدى ۋە قەيەرگە بارسا ئۇنى ئۆزلىرى بىلەن بىللە يۆتكەپ، ئۇنىڭدا خۇداغا ئىبادەت قىلاتتى. ئىبادەت چېدىرى خۇدا مۇسا پەيغەمبەرگە كۆرسەتكەن نۇسخا بويىچە ياسالغانىدى. 45ئەجدادلىرىمىز ئىبادەت چېدىرىغا ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئىگىدارچىلىق قىلغان ۋە كېيىن يەشۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە، خۇدا قوغلىغان مىللەتلەرنىڭ زېمىنلىرىنى بېسىۋېلىپ، ئىبادەت چېدىرىنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەن. ھەتتا پادىشاھ داۋۇتنىڭ زامانىغىچە شۇ چېدىردا خۇداغا ئىبادەت قىلغان. 46پادىشاھ داۋۇت خۇدانىڭ، يەنى ياقۇپ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ شاپائىتىگە ئېرىشىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئىبادەتخانا سېلىشقا ئۇنىڭ ئۆزىدىن ئىجازەت سورىغان. 47بىراق، خۇدا قوشۇلمىغان. كېيىن، پادىشاھ سۇلايمان خۇدا ئۈچۈن بىر ئىبادەتخانا سالغان.

48ھالبۇكى، ئۇلۇغ خۇدا ئادەم سالغان ئىبادەتخانىلاردا تۇرمايدۇ! يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق خۇدا مۇنداق دېگەنىدى:

4950«ئەرش مېنىڭ تەختىم بولىدۇ.

زېمىن مېنىڭ پۇت قويىدىغان يېرىمدۇر.

سىلەر ماڭا بۇنىڭدىنمۇ ياخشى خانا سالالامسىلەر!؟

بۇنىڭدىنمۇ ياخشى ئارامگاھ ياسىيالامسىلەر!؟

ئاسمان زېمىندىكى مەۋجۇداتلارنى مەن ياراتتىمغۇ!»

51ئىستىپان سۆزىنى ئاياغلاشتۇرۇپ:

_ ئەي، بوينى، يۈرىكى ۋە قۇلىقى قاتتىقلار! سىلەر خەتنە قىلىنمىغان كاپىرلارغا ئوخشاش جاھىل! سىلەر ئەجدادلىرىڭلارغا ئوخشاش، خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا دائىم قارشىلىق قىلىۋاتىسىلەر! 52سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار زىيانكەشلىك قىلمىغان بىرەر پەيغەمبەر بارمۇ-ھە؟! ئۇلار «خۇدانىڭ ئادالەتچىسى» بولغان ھەزرىتى ئەيسانىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئالدىن جاكارلىغانلارنىمۇ ئۆلتۈرۈشكەن. ئەمدى ئۇ ئۆزى كەلگەندە، سىلەر ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلىپ، ئۇنىمۇ ئۆلتۈردۈڭلار. 53ئەجەب ئىش-ھە! خۇدانىڭ قانۇنىنى پەرىشتىلەر ئۆزى سىلەرگە يەتكۈزگەن بولسىمۇ، سىلەر ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىدىڭلار! _ دېدى.

ئىستىپاننىڭ چالما-كېسەك قىلىنىشى

54ئىستىپاننىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان ئالىي كېڭەشمە ھەيئەتلىرى ئىنتايىن غەزەپلىنىپ، ئۇنىڭغا چىشلىرىنى غۇچۇرلاتتى. 55مۇقەددەس روھقا چۆمگەن ئىستىپان بولسا كۆزلىرىنى كۆككە تىكىپ، خۇدانىڭ پارلاق نۇرىنى ۋە ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدا تۇرغان ھەزرىتى ئەيسانى كۆردى.

56_ قاراڭلار! ئاسمان ئېچىلىپ، ئىنسانئوغلى ھەزرىتى ئەيسانىڭ خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا تۇرغانلىقىنى كۆردۈم! _ دېدى ئۇ.

57بۇنى ئاڭلىغان ھەيئەتلەر قوللىرى بىلەن قۇلاقلىرىنى ئېتىۋېلىشىپ، چۇقان سېلىشتى ۋە ئېتىلىپ بېرىپ، 58ئۇنى شەھەرنىڭ سىرتىغا ئىتتىرىپ چىقىرىپ، چالما-كېسەك قىلىشقا باشلىدى. ئىستىپاننى گۇناھكار دەپ گۇۋاھلىق بەرگەنلەر ئۇنى چالما-كېسەك قىلىشتىن بۇرۇن، چاپانلىرىنى سائۇل ئىسىملىك بىر ياشنىڭ يېنىدا قويۇپ قويغانىدى. 59ئىستىپان يامغۇردەك يېغىۋاتقان تاشنىڭ ئاستىدا تۇرۇپ:

_ ئى رەببىم ئەيسا، مېنىڭ روھىمنى قوبۇل قىلغايسەن! _ دەپ ۋارقىرىدى.

60كېيىن، ئۇ تىزلىنىپ تۇرۇپ قاتتىق ئاۋاز بىلەن:

_ ئى رەببىم، بۇ گۇناھنى دەپ ئۇلارنى جازالىمىغايسەن، _ دېدى. ئۇ بۇ سۆزنى قىلىپ بولۇپلا جان ئۈزدى. 




8

سائۇلنىڭ ئېتىقادچىلارغا زىيانكەشلىك قىلىشى

1ئىستىپاننىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى سائۇلمۇ قوللايتتى. شۇ كۈندىن باشلاپ، يېرۇسالېمدىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئىنتايىن دەھشەتلىك زىيانكەشلىككە ئۇچراشقا باشلىدى. ئەلچىلەردىن باشقا پۈتۈن ئېتىقادچىلار يەھۇدىيە ۋە سامارىيە ئۆلكىلىرىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىلىپ كېتىشتى. 2بەزى ئىخلاسمەن كىشىلەر ئىستىپاننى دەپنە قىلىپ، ئۇنىڭغا چوڭ ھازا تۇتۇشتى. 3لېكىن، سائۇل ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە ۋەيرانچىلىق سېلىپ، ئەر-ئايال ئېتىقادچىلارنى ئۆيمۇئۆي ئىزدەپ تۇتۇپ، زىندانغا تاشلاشقا باشلىدى.

خۇش خەۋەرنىڭ سامارىيە ئۆلكىسىگە يېتىپ بېرىشى

4ئېتىقادچىلار قەيەرگە تارقىلىشتىن قەتئىينەزەر، ئۇلار شۇ يەردە خۇش خەۋەر يەتكۈزدى. 5مەسىلەن، فىلىپ سامارىيە ئۆلكىسىنىڭ مەلۇم بىر شەھىرىگە بېرىپ، يەرلىك كىشىلەرگە: «ھەزرىتى ئەيسا _ قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھ» دەپ جاكارلىدى. 6كۆپچىلىك بۇنى ئاڭلاپ ھەمدە ئۇنىڭ مۆجىزىلىرىنى كۆرۈپ، پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالدى. 7جىنلار ئۆزلىرى چاپلىشىۋالغان كىشىلەرنىڭ تېنىدىن قاتتىق ۋارقىرىغان پېتى چىقىپ كەتتى. نۇرغۇن پالەچ، توكۇرلارمۇ ساقايتىلدى. 8شۇنىڭ بىلەن، شۇ شەھەردىكى كىشىلەر چوڭقۇر خۇشاللىققا چۆمدى.

9ئۇ شەھەردە شىمون ئىسىملىك بىر باخشى بولۇپ، ئۆزىنىڭ سېھىرگەرلىكى بىلەن شۇ جايدىكى خەلقنى بىر مەزگىل ھاڭ-تاڭ قالدۇرغانىدى. ئۇ ئۆزىنى قالتىس ھېسابلاپ، بەك ماختىناتتى. 10يۇقىرى ۋە تۆۋەن تەبىقە كىشىلىرى ئۇنىڭ سۆزلىرىنى پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئاڭلايتتى. كۆپچىلىك: «خۇدانىڭ ئۇلۇغ كۈچ-قۇدرىتى مانا شۇ» دېيىشەتتى. 11ئۇ ئۇزۇندىن بېرى سېھىرگەرلىكى بىلەن خالايىقنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرۇپ كەلگەنلىكىدىن، كىشىلەر ئۇنىڭغا ئىنتايىن دىققەت قىلىپ كەلگەنىدى. 12لېكىن، ئۇلار ئەمدى فىلىپ يەتكۈزگەن خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ۋە ئەيسا مەسىھكە دائىر خۇش خەۋەرگە ئىشەندى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن نۇرغۇنلىغان ئەر-ئاياللار چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى. 13شىمون ئۆزىمۇ ئىشەندى ۋە چۆمۈلدۈرۈلدى. ئۇ ھەمىشە فىلىپ بىلەن بىللە بولدى ھەمدە فىلىپ كۆرسەتكەن زور مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرۈپ، ئىنتايىن ھەيران بولدى.

14يېرۇسالېمدىكى ئەلچىلەر سامارىيىلىكلەرنىڭ خۇدانىڭ سۆزىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، پېترۇس بىلەن يۇھاننانى ئۇلارغا ئەۋەتتى. 15ئىككىيلەن ئۇ يەرگە بېرىشى بىلەن ئېتىقادچىلارغا مۇقەددەس روھنىڭ ئاتا قىلىنىشى ئۈچۈن دۇئا قىلدى. 16چۈنكى، ئۇلار رەببىمىز ئەيسانىڭ نامى بىلەن چۆمۈلدۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىغا مۇقەددەس روھ تېخى چۈشمىگەنىدى. 17پېترۇس بىلەن يۇھاننا ئۇلارنىڭ ئۇچىسىغا قولىنى تەگكۈزۈپ تۇرۇپ دۇئا قىلغاندىن كېيىن، مۇقەددەس روھ ئۇلارغا چۈشتى.

18ئەلچىلەر قولىنى تەگكۈزۈپ قويغان كىشىلەرگە مۇقەددەس روھنىڭ ئاتا قىلىنغانلىقىنى كۆرگەن شىمون ئەلچىلەرگە پۇل تەڭلەپ:

19_ بۇ كۈچ-قۇدرەتتىن ماڭىمۇ بېرىڭلار. مەنمۇ كىشىلەرنىڭ ئۇچىسىغا قوللىرىمنى تەگكۈزەي، ئۇلار مەن ئارقىلىقمۇ مۇقەددەس روھنى قوبۇل قىلسۇن، _ دېدى.

20لېكىن، پېترۇس ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ خۇدانىڭ بۇ سوۋغىتىنى پۇلغا سېتىۋالغىلى بولىدۇ، دەپ ئويلىغان بولساڭ، پۇلۇڭ بىلەن بىللە ھالاك بول! 21بىزنىڭ ئىشىمىزدا سېنىڭ ھەسسەڭ يوق! چۈنكى، خۇدا ئالدىدا نىيىتىڭ خالىس ئەمەس! 22شۇڭا، يامان نىيىتىڭدىن يېنىپ، خۇدادىن كەچۈرۈم تىلە! شۇنداق قىلساڭ، خۇدا سېنى كەچۈرەر. 23چۈنكى، سېنىڭ ھەسەتكە تولۇپ، گۇناھنىڭ تورىدا ئىكەنلىكىڭ ماڭا مەلۇم.

24شىمون ئۇلارغا:

_ مەن ئۈچۈن خۇدادىن تىلەڭلاركى، ئېيتقانلىرىڭلاردىن بىرىمۇ بېشىمغا كەلمىسۇن! _ دېدى.

25پېترۇس بىلەن يۇھاننا يەنە شۇ شەھەردە ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىپ، خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، سامارىيىنىڭ نۇرغۇن يېزا-كەنتلىرىگە بېرىپ خۇش خەۋەر يەتكۈزگەچ، يېرۇسالېمغا قايتىپ كەتتى.

فىلىپ ۋە ئېفىئوپىيىلىك ئەمەلدار

26شۇ ۋاقىتتا، خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسى فىلىپقا:

_ جەنۇبقا قاراپ يېرۇسالېمدىن گازا شەھىرىگە ماڭىدىغان چۆلدىكى يولغا ماڭ! _ دېدى. 27فىلىپ يولغا چىقتى. يولدا ئۇ ئېفىئوپىيىلىك بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنى ئۇچراتتى. بۇ كىشى كانداس ئىسىملىك ئېفىئوپىيە ئايال پادىشاھىنىڭ باش خەزىنىچىسى بولۇپ، يېرۇسالېمغا خۇداغا ئىبادەت قىلغىلى بارغانىدى. 28قايتىش يولىدا ئۆز ھارۋىسىدا ئولتۇرۇپ، يەشايا پەيغەمبەرنىڭ يازمىسىنى ئوقۇپ كېتىپ باراتتى. 29مۇقەددەس روھ فىلىپقا:

_ ھارۋىغا يېتىشىپ ماڭ، _ دېدى.

30فىلىپ يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئەمەلدارنىڭ يەشايا پەيغەمبەرنىڭ يازمىسىدىن ئوقۇۋاتقانلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭدىن:

_ ئوقۇغانلىرىڭىزنى چۈشەندىڭىزمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

31ئەمەلدار ئۇنىڭغا:

_ بىرى ماڭا چۈشەندۈرۈپ بەرمىسە، مەن قانداقمۇ چۈشىنەلەيمەن؟! _ دەپ، فىلىپنى ھارۋىسىغا چىقىپ يېنىدا ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.

32ئەمەلدار يازمىنىڭ مۇنۇ قىسمىنى ئوقۇۋاتاتتى:

«ئۇ گويا بوغۇزلاشقا ئېلىپ بېرىلغان قويدەك، قوي قىرقىغۇچى ئالدىدا ياتقان پاقلاندەك ئۈن-تىن چىقارماي جىم تۇرىدۇ.

33ئۇ خورلىنىدۇ، ئادىللىق بىلەن سوتلانمايدۇ.

ئۇ ئەمدى پەرزەنت يۈزى كۆرەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ يەر يۈزىدىكى ھاياتى ئېلىپ كېتىلىدۇ.»

34ئېفىئوپىيىلىك ئەمەلدار فىلىپتىن:

_ پەيغەمبەرنىڭ بۇ سۆزى كىمگە قارىتىلغان بولغىيدى؟ ئۆزىگىمۇ ياكى باشقىلارغىمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

35فىلىپ چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى. ئۇ يازمىنىڭ شۇ قىسمىدىن باشلاپ، ئەمەلدارغا ھەزرىتى ئەيساغا دائىر خۇش خەۋەرنى سۆزلەپ بەردى. شۇنداق قىلىپ، ئەمەلدار ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى.

36-37ئۇلار يولدا كېتىۋېتىپ، سۇ بار بىر يەرگە كەلگەندە، ئەمەلدار:

_ بۇ يەردە سۇ بار ئىكەن. مۇشۇ يەردىلا چۆمۈلدۈرۈلسەم بولمامدۇ؟ _ دېدى.

38ئەمەلدار ھارۋىنى توختىتىشنى بۇيرۇدى. فىلىپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە سۇغا چۈشۈپ، ئۇنى چۆمۈلدۈردى. 39ئۇلار سۇدىن چىققاندا، مۇقەددەس روھ فىلىپنى باشقا بىر شەھەرگە ئېلىپ كەتتى. ئەمەلدار ئۇنى قايتا كۆرەلمىگەن بولسىمۇ، خۇشال-خۇراملىق بىلەن يولىنى داۋاملاشتۇردى. 40فىلىپ بولسا ئۆزىنىڭ ئاشدود شەھىرىدە ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇ يەردىن قەيسەرىيە شەھىرىگىچە بولغان ھەممە شەھەرلەرنى كېزىپ، خۇش خەۋەر يەتكۈزدى. 




9

سائۇلنىڭ ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلىشى

1شۇ چاغلاردا، سائۇل رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارغا داۋاملىق ئۆلۈم تەھدىتى سېلىۋاتاتتى. ئۇ باش روھانىينىڭ ئالدىغا بېرىپ، 2دەمەشق شەھىرىدىكى يەھۇدىي ئىبادەتخانىلىرىغا تونۇشتۇرۇش خېتى يېزىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. شۇنداق قىلىپ، سائۇل دەمەشقتىكى يەھۇدىيلارنىڭ ياردىمىنى ئېلىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ يولىدا ماڭغان ئەر-ئاياللارنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنى يېرۇسالېمغا سوراق قىلىشقا ئېلىپ كەلمەكچى بولدى.

3سائۇل خەتلەرنى ئېلىپ يولغا چىقتى. دەمەشق شەھىرىگە يېتىپ كېلىشكە ئاز قالغاندا، توساتتىن ئاسماندىن كۈچلۈك بىر نۇر چۈشۈپ، سائۇلنىڭ ئەتراپىنى يورۇتۇۋەتتى.

4يەرگە يىقىلغان سائۇلغا:

_ سائۇل، سائۇل! ماڭا نېمىشقا زىيانكەشلىك قىلىسەن؟ _ دېگەن بىر ئاۋاز ئاڭلاندى.

5_ ئى رەببىم، سەن كىمسەن؟ _ دەپ سورىدى ئۇ.

_ مەن، سەن زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان ئەيسا. 6ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، شەھەرگە كىر، نېمە قىلىشىڭ كېرەكلىكىنى بىرى ساڭا ئېيتىپ بېرىدۇ، _ دېگەن جاۋاب كەلدى ھېلىقى ئاۋازدىن.

7سائۇل بىلەن بىللە ماڭغان كىشىلەرنىڭ قورققىنىدىن زۇۋانلىرى تۇتۇلۇپ، تۇرغان يېرىدە قېتىپلا قالدى. چۈنكى، ئۇلار ئاۋازنى ئاڭلىسىمۇ، گەپ قىلغان بىرەرسىنى كۆرەلمىگەنىدى. 8سائۇل ئورنىدىن تۇرۇپ، كۆزلىرىنى ئېچىپ قارىدى، لېكىن ھېچ نەرسىنى كۆرەلمىدى. ھەمراھلىرى ئۇنىڭ قولىدىن يېتىلەپ دەمەشققە ئېلىپ كىردى. 9ئۈچ كۈنگىچە ھېچنېمىنى كۆرەلمىگەن سائۇلنىڭ گېلىدىن ھېچ نەرسە ئۆتمىدى.

10دەمەشقتە ھەزرىتى ئەيسانىڭ ھانانىيا ئىسىملىك بىر ئېتىقادچىسى بار ئىدى. ئۇنىڭغا بىر ۋەھىي كەلدى. رەببىمىز ئەيسا ئۇنى:

_ ھانانىيا! _ دەپ چاقىردى.

_ ئى رەببىم، مانا مەن، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ.

11رەببىمىز ئەيسا ئۇنىڭغا:

_ سەن دەرھال «تۈز» كوچىسىغا بېرىپ، يەھۇدانىڭ ئۆيىدىن تارسۇسلۇق سائۇل ئىسىملىك بىرىنى تاپ، چۈنكى شۇ تاپتا ئۇ دۇئا-تىلاۋەت قىلىۋاتىدۇ. 12دۇئا قىلىۋاتقىنىدا، مەن ئۇنىڭغا ھانانىيا ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ كېلىپ ئۇنىڭغا قولىنى تەگكۈزۈشى بىلەنلا كۆزىنىڭ ئەسلىگە كېلىدىغانلىقىنى ئايان قىلدىم، _ دېدى.

13ھانانىيا ئۇنىماي، مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ ئى رەببىم، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بۇ ئادەم ھەققىدە ئېيتقانلىرىنى ئاڭلىدىم. ئۇ يېرۇسالېمدا ساڭا ئېتىقاد قىلغۇچىلارغا ئىنتايىن رەھىمسىزلەرچە زىيانكەشلىك قىلغان! 14ھازىر ئۇ دەمەشققە كېلىپ، ساڭا ئىبادەت قىلغان كىشىلەرنى تۇتۇش ئۈچۈن ئالىي روھانىيلاردىن ھوقۇق ئاپتۇ.

15رەببىمىز ئەيسا ئۇنىڭغا:

_ بارىۋەر! مەن بۇ ئادەمنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىغا ھەم ئىسرائىللارغا مېنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆزۈم تاللىدىم. 16مەن ئۇنىڭغا مېنىڭ ئۈچۈن جەزمەن خىلمۇخىل ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنىمۇ كۆرسىتىمەن، _ دېدى.

17بۇنىڭ بىلەن، ھانانىيا ھېلىقى ئۆيگە بېرىپ، قوللىرىنى سائۇلنىڭ ئۇچىسىغا تەگكۈزۈپ:

_ قېرىندىشىم سائۇل، بۇ يەرگە كېلىۋاتقىنىڭدا يولدا ساڭا كۆرۈنگەن رەببىمىز ئەيسا كۆزلىرىڭ ئەسلىگە كەلسۇن ۋە سېنى مۇقەددەس روھقا چۆمسۇن دەپ، مېنى شەخسەن ئۆزى ئەۋەتتى، _ دېدى.

18شۇ ھامان، سائۇلنىڭ كۆزلىرىدىن بېلىق قاسىرىقىدەك نەرسىلەر چۈشۈپ، كۆزلىرى ئېچىلىپ كۆرەلەيدىغان بولدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى. 19تاماق يېگەندىن كېيىن، جىسمانىي قۇۋۋىتىمۇ ئەسلىگە كەلدى.

سائۇلنىڭ دەمەشقتە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشى

سائۇل دەمەشقتىكى ئېتىقادچىلارنىڭ يېنىدا بىرنەچچە كۈن تۇردى ۋە 20دەرھال يەھۇدىي ئىبادەتخانىلىرىغا بېرىپ، «ھەزرىتى ئەيسا خۇدانىڭ ئوغلى» دەپ تەلىم بېرىشكە باشلىدى. 21ئاڭلىغۇچىلار ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ھەيران بولۇشۇپ:

_ بۇ ئادەم يېرۇسالېمدا ئەيساغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارغا ۋەھشىيلەرچە زىيانكەشلىك قىلغان ھېلىقى ئادەم ئەمەسمۇ؟ بۇ يەرگىمۇ ئېتىقادچىلارنى ئالىي روھانىيلارغا تۇتۇپ بېرىش مەقسىتىدە كەلگەنمىدۇ؟ _ دېيىشتى.

22لېكىن، سائۇل تېخىمۇ قايىل قىلارلىق تەلىم بېرىپ، دەمەشقتىكى يەھۇدىيلارنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھ ئىكەنلىكىنى رەت قىلىشقا ئامالسىز قالدۇردى.

23بىر مەزگىلدىن كېيىن، يەھۇدىيلار سائۇلغا سۇيىقەست قىلماقچى بولدى. 24سائۇلنى تۇتۇپ ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلار كېچە-كۈندۈز شەھەرنىڭ دەرۋازىسىدا ئۇنى كۈتتى. بىراق، بىرى ئۇلارنىڭ ئۇنى قەستلىمەكچى بولغىنىنى سائۇلغا يەتكۈزۈپ قويدى. 25شۇڭا، ئۇنىڭ شاگىرتلىرى بىر كۈنى كېچىدە ئۇنى چوڭ سېۋەتكە ئولتۇرغۇزۇپ، سېپىل كۈنگۈرىدىن ئارتىلدۇرۇپ چۈشۈردى.

سائۇل يېرۇسالېمدا

26سائۇل يېرۇسالېمغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى ئېتىقادچىلارغا قوشۇلماقچى بولدى. لېكىن، ئېتىقادچىلار ئۇنىڭ ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلغانلىقىغا ئىشەنمەي، ئۇنىڭدىن قورقتى. 27بىراق، بارنابا ئۇنىڭغا ياردەمدە بولۇپ، ئۇنى ئەلچىلەر بىلەن كۆرۈشتۈردى. ئۇلارغا سائۇلنىڭ دەمەشق يولىدا رەببىمىز ئەيسانى قانداق كۆرگەنلىكىنى، رەببىمىز ئەيسانىڭمۇ ئۇنىڭغا گەپ قىلغانلىقىنى چۈشەندۈردى ۋە دەمەشقتە ئۇنىڭ ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدە قانداق جۈرئەت بىلەن تەلىم بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ، ئۇلارنى قايىل قىلدى. 28بۇنىڭ بىلەن، سائۇل يېرۇسالېمدا ئەلچىلەر بىلەن بىللە بولۇپ، يۈرەكلىك ھالدا رەببىمىز ئەيسا ھەققىدە تەلىم بەردى. 29ئۇ يەنە گرېكچە سۆزلىشىدىغان يەھۇدىيلار بىلەنمۇ سۆزلىشىپ، تالىشىپ قالدى. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولدى. 30ئېتىقادچىلار بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنى قەيسەرىيە شەھىرىگە ئېلىپ بېرىپ، ئۇ يەردىن تارسۇس دېگەن شەھەرگە يولغا سالدى.

31ئۇ چاغدا، يەھۇدىيە، جەلىلىيە ۋە سامارىيىلەردىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى بىر مەزگىل تىنچلىققا ئېرىشتى. مۇقەددەس روھنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇلارنىڭ ئېتىقادى كۈچىيىپ، ھەمىشە ئىخلاسمەنلىك بىلەن خۇدا يولىدا ماڭدى. ئۇلارنىڭ سانىمۇ كۈندىن-كۈنگە كۆپەيدى.

پېترۇس لىددا ۋە جاففا شەھەرلىرىدە

32شۇ ۋاقىتتا، ئېتىقادچىلارنى يوقلاش ئۈچۈن ھەرقايسى جايلارنى ئارىلاپ يۈرگەن پېترۇس بىر قېتىم لىددا شەھىرىدە تۇرىدىغان ئېتىقادچىلار بىلەن كۆرۈشتى. 33ئۇ يەردە ئۇ ئەنېياس ئىسىملىك بىر ئادەمنى ئۇچراتتى. بۇ ئادەم پالەچ بولۇپ، ئورۇن تۇتۇپ ياتقىلى سەككىز يىل بولغانىكەن. 34پېترۇس ئۇنىڭغا:

_ ئەنېياس، ئەيسا مەسىھ سېنى ساقايتتى. ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، كۆرپەڭنى يىغىشتۇر! _ دېدى.

ئەنېياس دەرھال ئورنىدىن تۇردى. 35بۇنى كۆرگەن لىددا شەھىرىدىكى ۋە شارون رايونىدىكى نۇرغۇن ئادەملەر رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى.

36جاففا شەھىرىدە تابىتا ئىسىملىك بىر ئايال ئېتىقادچى بار ئىدى. (گرېكچە ئىسمى «دوركاس» بولۇپ، «كېيىك» دېگەن مەنىدە.) ئۇ ھەر ۋاقىت ياخشى ئىش قىلىدىغان بولۇپ، نامراتلارغا ياردەم قىلاتتى. 37بىر كۈنى، ئۇ كېسەل بولۇپ، ئۆلۈپ كەتتى. كىشىلەر جەسەتنى يۇيۇپ كېپەنلەپ، ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ئۆيگە ياتقۇزۇپ قويدى. 38جاففا شەھىرى لىددا شەھىرىگە يېقىن ئىدى. شۇڭا، جاففادىكى ئېتىقادچىلار پېترۇسنىڭ لىددادا ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئالدىغا ئىككى ئادەم ئەۋەتىپ:

_ چاپسان يېتىپ كېلىڭ! _ دەپ تەكلىپ قىلدى. 39پېترۇس دەرھال يولغا چىقىپ، ئۇلار بىلەن بىللە جاففاغا كەلدى.

پېترۇس جاففاغا يېتىپ كېلىشى بىلەن ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ئۆيگە باشلاپ چىقىلدى. بارلىق تۇل ئاياللار پېترۇسنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ، يىغا-زار قىلىشتى ۋە دوركاسنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئۆزلىرىگە تىكىپ بەرگەن كىيىملىرىنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىشتى.

40پېترۇس ھەممەيلەننى چىقىرىۋېتىپ، تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ دۇئا قىلغاندىن كېيىن، جەسەتكە قاراپ:

_ تابىتا، ئورنۇڭدىن تۇر! _ دېدى.

تابىتا كۆزىنى ئېچىپ، پېترۇسنى كۆرۈپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ ئولتۇردى. 41پېترۇس ئالدىغا بېرىپ، ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزدى ۋە تۇل ئاياللار بىلەن باشقا ئېتىقادچىلارنى چاقىرىپ، دوركاسنى ئۇلارغا تىرىك تاپشۇرۇپ بەردى. 42بۇ خەۋەر پۈتۈن جاففاغا تارقىلىپ، نۇرغۇن كىشىلەر رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى. 43پېترۇس جاففادا شىمون ئىسىملىك بىر تېرە ئەيلىگۈچىنىڭ ئۆيىدە بىر مەزگىل تۇردى. 




10

رىملىق يۈزبېشىغا پەرىشتىنىڭ كۆرۈنۈشى

1قەيسەرىيە شەھىرىدە كورنىلىي ئىسىملىك بىر ئادەم بولۇپ، ئۇ رىم قوشۇنىدىكى «ئىتالىيە» دەپ ئاتالغان قىسىمنىڭ يۈزبېشى ئىدى. 2ئۇ تەقۋادار ئادەم بولۇپ، ئۆزى ۋە ئۆيىدىكىلىرىنىڭ ھەممىسى خۇداغا ئىبادەت قىلاتتى. ئۇ گەرچە يەھۇدىيلارنىڭ خۇشى يوق رىملىقلاردىن بولسىمۇ، مەردلىك بىلەن نامرات يەھۇدىيلارغا پۇل بېرەتتى ۋە دائىم خۇداغا دۇئا قىلاتتى. 3بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچلەردە، ئۇنىڭغا بىر غايىبانە ئالامەت كۆرۈندى. ئۇ خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسىنىڭ ئۆزىنىڭ يېنىغا كەلگەنلىكىنى ئوچۇق كۆردى. پەرىشتە ئۇنى:

_ كورنىلىي! _ دەپ چاقىردى.

4كورنىلىي ئىنتايىن چۆچۈگەن ھالدا ئۇنىڭغا كۆزلىرىنى تىكىپ:

_ تەقسىر، نېمە ئىش؟ _ دەپ سورىدى.

پەرىشتە ئۇنىڭغا:

_ سېنىڭ دۇئالىرىڭ ۋە نامراتلارغا قىلغان خەير-ساخاۋىتىڭ ھەققىدىكى خەۋەرلەر خۇداغا يەتتى. 5ئەمدى سەن جاففاغا ئادەم ئەۋەتىپ، سىمۇن پېترۇس ئىسىملىك كىشىنى چاقىرتىپ كەل. 6ئۇ شىمون ئىسىملىك بىر تېرە ئەيلىگۈچىنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. شىموننىڭ ئۆيى بولسا دېڭىز بويىدا، _ دېدى.

7ئۇنىڭغا گەپ قىلغان پەرىشتە غايىب بولغاندىن كېيىن، كورنىلىي ئۆي خىزمەتچىلىرىدىن ئىككىنى ۋە شەخسىي ياردەمچىلىرى ئىچىدىكى ئىخلاسمەن بىر لەشكەرنى چاقىردى. 8بولغان ئىشلارنى ئۇقتۇرغاندىن كېيىن، ئۇلارنى جاففاغا ئەۋەتتى.

پېترۇسقا خۇدادىن ۋەھىي كېلىشى

9ئەتىسى ئۇلار جاففاغا يېقىن بارغاندا، چۈش ۋاقتى بولۇپ، پېترۇس دۇئا قىلىش ئۈچۈن ئۆگزىگە چىقتى. 10ئۇنىڭ قورسىقى ئېچىپ، بىر نەرسە يېگۈسى كەلگەنىدى. تاماق تەييارلىنىۋاتقاندا، پېترۇسنىڭ كۆزىگە بىر غايىبانە ئالامەت كۆرۈندى. 11ئاسمان يېرىلىپ، كەڭ داستىخاندەك بىر نەرسىنىڭ تۆت بۇرجىكىدىن باغلانغان ھالدا يەر يۈزىگە چۈشۈرۈلۈۋاتقانلىقىدەك بىر ھالەتنى كۆردى. 12داستىخاندا ھەر خىل تۆت پۇتلۇق ھايۋانلار، يەر بېغىرلىغۇچىلار، ئۇچارقاناتلارمۇ بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھارام ھايۋانلارمۇ بار ئىدى. 13ئۇنىڭغا:

_ ئورنۇڭدىن تۇر پېترۇس، ئۇلارنى سويۇپ يە! _ دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى.

14_ ئى رەببىم، ھەرگىز بولمايدۇ! مەن ھېچقاچان ھېچقانداق ناپاك، ھارام نەرسىنى ئاغزىمغا ئالغان ئەمەسمەن! _ دېدى پېترۇس.

15بىراق، پېترۇسقا يەنە:

_ خۇدا ھالال دېگەننى سەن ھارام دېسەڭ بولمايدۇ! _ دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى.

16بۇ ئىش ئۈچ قېتىم تەكرارلىنىپ، داستىخانغا ئوخشايدىغان ھېلىقى نەرسە ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كېتىلدى.

17پېترۇس كۆزىگە كۆرۈنگەن ئالامەتنىڭ مەنىسىنى چۈشىنەلمەي ئويلاپ تۇرغاندا، كورنىلىي ئەۋەتكەن كىشىلەر شىموننىڭ ئۆيىنى تېپىپ، دەرۋازا ئالدىدا تۇرۇپ:

18_ سىمۇن پېترۇس ئىسىملىك بىر مېھمان بۇ يەردە تۇرامدۇ، قانداق؟ _ دەپ توۋلىدى.

19پېترۇس تېخىچە ھېلىقى غايىبانە ئالامەتنىڭ مەنىسى زادى نېمىدۇ، دەپ ئويلاۋاتاتتى. مۇقەددەس روھ ئۇنىڭغا:

_ سېنى ئۈچ ئادەم ئىزدەپ كەلدى. 20پەسكە چۈش! ئۇلار يەھۇدىي بولمىسىمۇ، ئۇلارنى كاپىر دېمەي، ئىككىلەنمەي ئۇلار بىلەن بىللە بار. چۈنكى، ئۇلارنى مەن ئەۋەتتىم! _ دېدى.

21پېترۇس پەسكە چۈشۈپ، ھېلىقى ئادەملەرگە:

_ سىلەر ئىزدىگەن كىشى مەن بولىمەن. بۇ ياققا كېلىشىڭلارنىڭ سەۋەبى نېمىكىن؟ _ دېدى.

22_ بىزنى رىملىق يۈزبېشى كورنىلىي ئەۋەتتى. ئۇ خۇداغا ئىبادەت قىلىدىغان دۇرۇس ئادەم بولۇپ، پۈتۈن يەھۇدىي خەلقىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەردۇر. خۇدانىڭ بىر مۇقەددەس پەرىشتىسى ئۇنىڭغا، سىزنى ئۆيىگە چاقىرتىپ، تەلىمىڭىزنى ئاڭلاشنى بۇيرۇغان! _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار. 23بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان پېترۇس ئۇلارنى ئۆيگە تەكلىپ قىلىپ، قوندۇرۇپ مېھمان قىلدى.

ئەتىسى پېترۇس ئۇلار بىلەن بىللە يولغا چىقتى. جاففادىكى ئېتىقادچىلارنىڭ بەزىلىرىمۇ ئۇلار بىلەن بىللە باردى. 24ئىككىنچى كۈنى، ئۇلار قەيسەرىيىگە يېتىپ باردى. كورنىلىي تۇغقانلىرى ۋە يېقىن يار-بۇرادەرلىرىنى ئۆيىگە يىغىپ، پېترۇسلارنى كۈتۈپ تۇراتتى. 25پېترۇس ئۆيگە كىرگەندە، كورنىلىي ئالدىغا چىقىپ، ئايىغىغا باش قويۇپ سەجدە قىلدى. 26پېترۇس دەرھال ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ:

_ ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ! مەنمۇ سىزگە ئوخشاشلا بىر ئادەم! _ دېدى.

27پېترۇس كورنىلىيگە گەپ قىلغاچ ئۆيگە كىردى. ئۇ ئۆينىڭ ئىچىگە يىغىلغان جامائەتنى كۆرۈپ، 28ئۇلارغا:

_ سىلەرگە مەلۇمكى، بىز يەھۇدىيلارنىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەر بىلەن ئالاقە قىلىشىمىز ئەنئەنىۋى قائىدىمىزگە خىلاپ، ھەتتا ئۆيلىرىڭلارغا كىرسەكمۇ بولمايدۇ. لېكىن، خۇدا ماڭا بىر ۋەھىي ئارقىلىق ھەرقانداق كىشىنى ناپاك دېمەسلىكىم كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى. 29شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەر ئادەم ئەۋەتىپ مېنى چاقىرغاندا، ئىككىلەنمەي ئالدىڭلارغا كەلدىم. ئەمدى مېنىڭ سورىماقچى بولغىنىم، مېنى نېمىشقا چاقىردىڭلار؟ _ دېدى.

30كورنىلىي مۇنداق دېدى:

_ تۆت كۈننىڭ ئالدىدا دەل مۇشۇ ۋاقىتتا، يەنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچلەردە، مەن ئۆيدە دۇئا قىلىۋاتاتتىم. تۇيۇقسىز كىيىملىرىدىن نۇر چاقناپ تۇرىدىغان بىر پەرىشتە ئادەم شەكلىدە ئالدىمدا پەيدا بولۇپ: 31«كورنىلىي! دۇئايىڭ خۇداغا يەتتى. خۇدا نامراتلارغا قىلغان خەير-ساخاۋىتىڭدىنمۇ خەۋەردار. 32شۇڭا، جاففاغا ئادەم ئەۋەتىپ، سىمۇن پېترۇس ئىسىملىك ئادەمنى چاقىرتىپ كەل. ئۇ تېرە ئەيلىگۈچى شىموننىڭ ئۆيىدە مېھمان بولۇپ تۇرىدۇ. شىموننىڭ ئۆيى دېڭىز بويىدا» دېدى. 33شۇنىڭ ئۈچۈن، دەرھال ئۆزلىرىنى چاقىرىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتكەنىدىم. ئۆزلىرىنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلغانلىرى تولىمۇ ئوبدان بولدى. ئەمدى بىز ھەممەيلەن خۇدا ئۆزلىرىگە دېگەن بارلىق سۆزلەرنى ئاڭلاش ئۈچۈن خۇدانىڭ ئالدىدا تەييار تۇرۇپتىمىز.

خۇدانىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەرنىمۇ قوبۇل قىلىشى

34-35پېترۇس سۆزىنى باشلاپ مۇنداق دېدى:

_ خۇدانىڭ ھەرقانداق ئادەمنى، مەيلى ئۇ قايسى مىللەتتىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر تەڭ كۆرىدىغانلىقىنى، ئىخلاسمەن ۋە توغرا ئىش قىلىدىغان كىشى بولسىلا، خۇدانىڭ ئۇنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئەمدى چۈشەندىم. 36سىلەر خۇدا ئىسرائىل خەلقىگە يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرنى ئاڭلىغانغۇ. خۇدا پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ئىگىسى بولغان ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بىزنى ئۆزى بىلەن ياراشتۇردى. 37سىلەرنىڭ يەھيا پەيغەمبەر چۆمۈلدۈرۈش چاقىرىقىنى يەتكۈزگەندىن تارتىپ، جەلىلىيە ئۆلكىسىدىن باشلاپ پۈتۈن يەھۇدىيە زېمىنلىرىدا يۈز بەرگەن ناسىرەلىك ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك زور ۋەقەلەردىن خەۋىرىڭلار بار. 38خۇدا ئۇنى تەيىنلەپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ مۇقەددەس روھى ۋە كۈچ-قۇدرىتىنى ئاتا قىلدى. ئۇ ھەممە يەرنى كېزىپ، ياخشى ئىشلارنى قىلىپ، شەيتاننىڭ ئىلكىدە بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى ساقايتتى، چۈنكى خۇدا ئۇنىڭغا يار ئىدى. 39بىز ئەلچىلەر ئۇنىڭ يېرۇسالېم ۋە ئىسرائىلىيىنىڭ باشقا يەرلىرىدە قىلغان پۈتۈن ئىشلىرىنىڭ گۇۋاھچىلىرى. گەرچە ھەزرىتى ئەيسا يېرۇسالېمدا كرېستكە مىخلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، 4041ئۈچىنچى كۈنى، خۇدا ئۇنى قايتا تىرىلدۈرۈپ كىشىلەر ئارىسىدا نامايان قىلدى. بىراق، ھەممە كىشىگە ئەمەس، پەقەت ئۆزى تاللىغان گۇۋاھچىلار، يەنى ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرغان بىز ئەلچىلەر ئارىسىدا نامايان قىلدى. 42ئۇ بىزنىڭ خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشىمىزنى، تىرىكلەر ۋە ئۆلگەنلەرنىڭ سوراقچىسى قىلىنىپ تەيىنلەنگەن كىشىنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى خەلققە جاكارلىشىمىزنى بۇيرۇدى. 43پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى ئۇ ھەقتە: «ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ گۇناھلىرى ئۇنىڭ نامى بىلەن كەچۈرۈم قىلىنىدۇ» دېگەن.

مۇقەددەس روھنىڭ يەھۇدىي ئەمەس مىللەتلەرگە چۈشۈشى

44پېترۇس خۇدانىڭ بۇ سۆزلىرىنى قىلىۋاتقاندا، ئاڭلاۋاتقان ھەممە كىشىنىڭ ۋۇجۇدىغا مۇقەددەس روھ چۈشتى. 45پېترۇس بىلەن بىللە جاففادىن كەلگەن، ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلغان يەھۇدىيلار خۇدانىڭ مۇقەددەس روھنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگىمۇ ئاتا قىلغىنىنى كۆرۈپ بەك ھەيران بولۇشتى. 46ئۇلارنىڭ باشقىلارنىڭ ئۆزلىرىگىمۇ نامەلۇم بولغان تىللاردا سۆزلىشىپ، خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقىنى مەدھىيىلەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغانلىقى شۈبھىسىز ئىدى. شۇڭا، پېترۇس:

47_ خۇدا خۇددى بىزگە ئاتا قىلغاندەك، ئۇلارغىمۇ مۇقەددەس روھنى ئاتا قىلغان تۇرسا، ئۇلارنى سۇغا چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىشقا كىم قوشۇلمايتتى؟! _ دېدى.

48شۇنىڭ بىلەن، پېترۇس ئۇلارنىڭ ئەيسا مەسىھنىڭ نامىدا چۆمۈلدۈرۈلۈشىنى بۇيرۇدى. كېيىن ئۇلارنىڭ تەلىپى بويىچە، پېترۇس ئۇلار بىلەن بىللە بىرنەچچە كۈن تۇردى. 




11

پېترۇسنىڭ باشقا مىللەت كىشىلىرىنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشىنى ئاقلىشى

1ئەلچىلەر ۋە پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى باشقا ئېتىقادچىلار بەزى يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭمۇ خۇدانىڭ سۆزىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئاڭلىدى. 2شۇڭا، پېترۇس يېرۇسالېمغا قايتقاندا، ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلغان يەھۇدىيلارنىڭ بەزىلىرى ئۇنى ئەيىبلەپ:

3_ سېنىڭ خەتنە قىلىنمىغان يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولۇپ، ئۇلار بىلەن ھەمداستىخان بولغىنىڭ زادى قانداق ئىش؟! _ دېدى.

4پېترۇس پۈتۈن ئىشنىڭ جەريانىنى ئۇلارغا بىر-بىرلەپ چۈشەندۈردى. 5ئۇ مۇنداق دېدى:

_ جاففا شەھىرىدە دۇئا قىلىۋاتقىنىمدا، بىر غايىبانە ئالامەتنى كۆردۈم. كەڭ داستىخاندەك بىر نەرسە تۆت بۇرجىكىدىن باغلانغان ھالدا ئاسماندىن چۈشۈپ، مېنىڭ يېنىمدا توختاپ قالدى. 6سەپ سېلىپ قارىسام، ئۇنىڭ ئىچىدە ھەر خىل تۆت پۇتلۇق ھايۋانلار، ياۋايى ھايۋاناتلار، يەر بېغىرلىغۇچىلار، ئۇچارقاناتلارمۇ بار ئىكەن. 7كېيىن، ماڭا: «ئورنۇڭدىن تۇر پېترۇس، ئۇلارنى سويۇپ يە!» دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. 8مەن: «ئى رەببىم، ھەرگىز بولمايدۇ! مەن ھېچقاچان ھەرقانداق ناپاك، ھارام نەرسىنى ئاغزىمغا ئالغان ئەمەسمەن!» دېدىم. 9بىراق، ماڭا يەنە: «خۇدا ھالال دېگەننى سەن ھارام دېمە!» دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. 10بۇ ئىش ئۈچ قېتىم شۇنداق تەكرارلىنىپ، ئاخىر ھېلىقى نەرسە ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كېتىلدى. 11دەل شۇ چاغدا، قەيسەرىيىدىن مېنى چاقىرىشقا ئەۋەتىلگەن ئۈچ كىشى مەن تۇرغان ئۆينىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا كەلدى. 12مۇقەددەس روھ مېنى، گەرچە ئۇلار يەھۇدىي بولمىسىمۇ، ئىككىلەنمەي ئۇلار بىلەن بىللە بېرىشقا بۇيرۇدى. جاففادىن كەلگەن بۇ ئالتە قېرىنداشمۇ مەن بىلەن بىللە باردى. قەيسەرىيىگە يېتىپ كېلىپ، كورنىلىي ئىسىملىك ئادەمنىڭ ئۆيىگە كىردۇق. 13كورنىلىي بىزگە ئۆزىنىڭ ئۆيىدە بىر پەرىشتىنى قانداق كۆرگەنلىكىنى ئېيتتى. پەرىشتە ئۇنىڭغا: «سەن جاففاغا ئادەم ئەۋەتىپ، سىمۇن پېترۇس ئىسىملىك بىر ئادەمنى چاقىرتىپ كەل، 14ئۇ ساڭا سېنىڭ ۋە ئائىلەڭنىڭ قۇتقۇزۇلۇش يولىنى سۆزلەپ بېرىدۇ» دېگەنىكەن.

15مەن گەپ قىلىشقا باشلىغاندا، مۇقەددەس روھ خۇددى بۇرۇن بىزنىڭ ۋۇجۇدىمىزغا چۈشكىنىدەك، ئۇلارغىمۇ چۈشتى.

16شۇ چاغدا، رەببىمىز ئەيسانىڭ: «يەھيا پەيغەمبەر كىشىلەرنى سۇغا چۆمۈلدۈرگەن، لېكىن سىلەر مۇقەددەس روھقا چۆمۈلدۈرۈلىسىلەر» دېگىنىنى ئېسىمگە ئالدىم. 17ناھايىتى روشەنكى، بىز ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانلىقتىن، خۇدا بىزگە ئۆزىنىڭ روھىنى ئاتا قىلغىنىغا ئوخشاش، ئۇنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگىمۇ ئاتا قىلدى! شۇنداق تۇرسا، مەن خۇداغا قانداقمۇ توسقۇنلۇق قىلالايتتىم؟!

18ئۇلار بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا، پېترۇسنى ئەيىبلەشنى توختىتىپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇپ:

_ يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ يامان يوللىرىدىن يېنىپ توۋا قىلسا، خۇدا ئۇلارغىمۇ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدىكەن! _ دېيىشتى.

ئانتاكيا شەھىرىدىكى ئېتىقادچىلار

19ئۇ چاغدا، ئىستىپاننىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىدىن كېلىپ چىققان زىيانكەشلىك تۈپەيلىدىن ھەرقايسى جايلارغا تارقىلىپ كەتكەن ئېتىقادچىلارنىڭ بەزىلىرى ھەتتا فەنىكىيە رايونى، سىپرۇس ئارىلى ۋە سۇرىيىدىكى ئانتاكيا شەھىرى دېگەن جايلارغا كېتىشتى. ئۇلار خۇدانىڭ سۆزىنى پەقەت يەھۇدىيلارغىلا يەتكۈزەتتى. 20لېكىن، سىپرۇس ئارىلى ۋە كىرىنى شەھىرىدىن كەلگەن بەزى ئېتىقادچىلار ئانتاكيا شەھىرىگە بېرىپ، رەببىمىز ئەيسا ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگىمۇ يەتكۈزدى. 21رەببىمىزنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئۇلار بىلەن بىللە بولغاچقا، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىپ، رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى.

22بۇ خەۋەر يېرۇسالېمدىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە يېتىپ كەلدى. ئۇلار بىلىپ بېقىش ئۈچۈن بارنابانى ئانتاكياغا ئەۋەتتى. 23بارنابا يېتىپ بېرىپ، خۇدانىڭ ئۇ يەردىكى خەلققە بەخت ئاتا قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، خۇشال بولدى. ئۇ كۆپچىلىكنى جان-دىلى بىلەن رەببىمىز ئەيساغا سادىق بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى. 24ئۇ مۇقەددەس روھقا چۆمگەن، ئىمانى كامىل، ياخشى بىر ئادەم بولۇپ، ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە نۇرغۇن ئادەم رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى.

25كېيىن، بارنابا تارسۇس شەھىرىگە سائۇلنى ئىزدەپ بېرىپ، 26ئۇنى تېپىپ ئانتاكياغا ئېلىپ كەلدى. ئىككىيلەن ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى بىلەن بىللە ساق بىر يىل تۇرۇپ، نۇرغۇن ئادەمگە ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدە تەلىم بەردى. ئېتىقادچىلارنى «خرىستىئانلار»* دەپ ئاتاش ئانتاكيادىن باشلاندى.

27ئۇ كۈنلەردە، يېرۇسالېمدىن ئانتاكياغا بەزى پەيغەمبەرلەر كەلدى. 28بۇلاردىن ئاگابۇس ئىسىملىك بىرەيلەن مۇقەددەس روھنىڭ تەسىرى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، پۈتۈن رىم دۇنياسىدا قاتتىق ئاچارچىلىق بولىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتتى. (بۇ ئاچارچىلىق دەرۋەقە كلاۋدىيۇس پادىشاھ ھۆكۈم سۈرگەن يىللاردا يۈز بەردى.) 29بۇنىڭ بىلەن، ئانتاكيادىكى ئېتىقادچىلار ھەربىرى ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ، پۇل ئىئانە قىلىپ، يەھۇدىيە ئۆلكىسىدە ياشايدىغان ئېتىقادچىلارغا ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى. 30ئۇلار بۇ قارارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، توپلىغان ئىئانىلىرىنى بارنابا ۋە سائۇل ئارقىلىق يەھۇدىيىدىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ يېتەكچىلىرىگە يەتكۈزۈپ بەردى.



*26يەھۇدىيلار كۈتكەن قۇتقۇزغۇچى ئىبرانىي تىلىدا «مەسىھ»، قەدىمكى گرېك تىلىدا «خرىستوس» دەپ ئاتالغانىدى. شۇڭا، ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلغانلار «خرىستىئانلار» دەپ ئاتالغان.



 

12

ئېتىقادچىلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچرىشى

1شۇ چاغلاردا، ھىرود خان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدىكى بەزى كىشىلەرنى تۇتۇپ، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىشقا باشلىدى. 2ئۇ يۇھاننانىڭ ئاكىسى ياقۇپنىڭ كاللىسىنى ئالدۇردى. 3ئۆزىنىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن يەھۇدىيلارنىڭ رازى بولغانلىقىنى كۆرۈپ، پېترۇسنى تۇتقۇن قىلىشنى بۇيرۇدى. بۇ ۋەقە پېتىر نان ھېيتى مەزگىلىدە يۈز بەردى. 4پېترۇسنى تۇتقاندىن كېيىن، ئۇنى زىندانغا تاشلاپ، ھەربىرى تۆت لەشكەردىن تەشكىل تاپقان تۆت نۆۋەتچى قاراۋۇللار توپىغا تاپشۇردى. ھېيتتىن كېيىن، ھىرود خان ئۇنى ئوچۇق سوت قىلىپ ئۆلتۈرمەكچى بولدى. 5پېترۇس زىنداندا تۇتۇپ تۇرۇلدى. لېكىن، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدىكى قېرىنداشلار ئۇنىڭ ئۈچۈن خۇداغا سەمىمىي دۇئا قىلىشتى.

پېترۇسنىڭ زىنداندىن قۇتقۇزۇلۇشى

6ھىرود خان پېترۇسنى ئېلىپ چىقىپ سوت قىلىشنىڭ ئالدىنقى كېچىسى، پېترۇس ئىككى زەنجىر بىلەن باغلانغان بولۇپ، ئىككى قاراۋۇلنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇخلاۋاتاتتى. ئىشىكنىڭ سىرتىغىمۇ قاراۋۇل قويۇلغانىدى. 7تۇيۇقسىز كامېرغا كۈچلۈك بىر يورۇق نۇر چۈشۈپ، خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسى كۆرۈندى. پەرىشتە پېترۇسنىڭ مۈرىسىگە قېقىپ:

_ تېز تۇر! _ دەپ ئويغاتتى.

پېترۇسنىڭ قوللىرىدىكى زەنجىر شۇئان بوشاپ چۈشۈپ كەتتى. 8پەرىشتە ئۇنىڭغا:

_ كىيىمىڭنى كىيىۋال! ئايىغىڭنىمۇ كىي! _ دېدى.

پېترۇس ئۇنىڭ دېگىنىنى قىلدى. پەرىشتە يەنە:

_ چاپىنىڭنى يېپىنچاقلاپ كەينىمدىن ماڭ! _ دېدى.

9پېترۇس ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كامېردىن چىقتى. بىراق، ئۇ پەرىشتىنىڭ قىلىۋاتقىنىنىڭ راستلىقىنى بىلمەي، بىر غايىبانە ئالامەت كۆرۈپتىمەن، دەپ ئويلىغانىدى. 10ئۇلار بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قاراۋۇل پوستىدىن ئۆتۈپ، زىنداننىڭ شەھەرگە چىقىدىغان تۆمۈر دەرۋازىسىغا بارغاندا، دەرۋازا ئۆزلۈكىدىن ئېچىلىپ كەتتى. ئۇلار دەرۋازىدىن چىقىپ، بىر كوچىدىن ئۆتكەندە، پەرىشتە تۇيۇقسىز پېترۇسنىڭ يېنىدىن غايىب بولدى.

11شۇ چاغدا، پېترۇس ئېسىگە كېلىپ، ئۆزىگە: «ئەمدى مەن بۇ ئىشنىڭ راستلىقىنى بىلدىم. رەببىم بىر پەرىشتە ئەۋەتىپ، مېنى ھىرود خاننىڭ قولىدىن ۋە يەھۇدىيلارنىڭ ماڭا قىلماقچى بولغان بارلىق زىيانكەشلىكىدىن قۇتقۇزۇپتۇ» دېدى.

12پېترۇس بۇ ئەھۋالنى چۈشىنىپ، ماركۇس دەپمۇ ئاتالغان يۇھاننانىڭ ئانىسى مەريەمنىڭ ئۆيىگە باردى. ئۇ يەردە نۇرغۇن كىشىلەر يىغىلىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىۋاتاتتى. 13پېترۇس دەرۋازىنى قاققاندا، رودا ئىسىملىك بىر دېدەك ئاۋازنى ئاڭلاپ چىقتى. 14ئۇ پېترۇسنىڭ ئاۋازىنى تونۇپ، خۇشاللىقىدىن ئىشىكنىمۇ ئاچماي يۈگۈرۈپ بېرىپ، كۆپچىلىككە:

_ پېترۇس دەرۋازا ئالدىدا ئىكەن! _ دەپ خەۋەر قىلدى.

15_ ساراڭ بولۇپ قالدىڭمۇ؟! _ دېيىشتى ئۇلار. لېكىن، دېدەك راست، دەپ تۇرۇۋالدى. ئۇلار:

_ ئۇ ئۇنىڭ روھى بولسا كېرەك! _ دېيىشتى.

16پېترۇس دەرۋازىنى قېقىۋەرگەندىن كېيىن، ئۇلار چىقىپ دەرۋازىنى ئېچىپ قارىسا، دەرۋەقە ئۇ ئىكەن! ھەممەيلەن ھاڭ-تاڭ بولۇشتى. 17پېترۇس كۆپچىلىككە ئاۋاز چىقارماسلىققا قول ئىشارىتى قىلىپ، ئۇلارغا خۇدانىڭ ئۆزىنى زىنداندىن قانداق ئېلىپ چىققانلىقىنى چۈشەندۈردى. ئاندىن كېيىن، ئۇ:

_ بۇ خەۋەرنى ياقۇپقا* ۋە باشقىلارغا ئۇقتۇرۇپ قويۇڭلار، _ دەپ، ئۆزى ئۇ يەردىن باشقا يەرگە كەتتى.

18تاڭ ئاتقاندا، قاراۋۇللار پاتىپاراق بولۇشۇپ كەتتى. ئۇلار پېترۇسنىڭ قانداق چىقىپ كەتكەنلىكىنى بىلەلمىدى. 19ھىرود خان ئۇنى ئىزدەشكە ئەمر قىلدى، لېكىن ئۇنىڭ ئىز-دېرىكىنى تاپالمىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ قاراۋۇللارنى سوراق قىلىپ، ئۇلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى بۇيرۇدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، ھىرود خان يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن قەيسەرىيە شەھىرىگە قايتىپ كەتتى.

ھىرود ئاگرىپپا خاننىڭ ئۆلۈمى

20كېيىن، ھىرود خان تىر ۋە سىدون خەلقىگە قاتتىق ئاچچىقلاندى. بۇ خەلقلەر ئاشلىقنى خاننىڭ ئىلكىدىكى جايلاردىن ئالىدىغان بولغاچقا، ئۇلار بىرلىشىپ، ھىرود بىلەن يارىشىۋېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىغا ۋەكىل ئەۋەتتى. ئۇلار ئالدى بىلەن ۋىلاستۇس ئىسىملىك مۇھىم ئەمەلدارنىڭ ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈردى.

21بەلگىلەنگەن كۆرۈشۈش كۈنىدە ھىرود خانلىق تونىنى كىيىپ، تەختىدە ئولتۇرۇپ، ئۇلارغا نۇتۇق سۆزلىدى. 22ئۇلار:

_ بۇ، ئادەمنىڭ سۆزلىرى ئەمەس، بەلكى خۇدالارنىڭ بىرىنىڭ سۆزىدۇر! _ دەپ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئۇنى ماختاشتى.

23ھىرود خۇداغا تەئەللۇق شان-شەرەپنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغانلىقى ئۈچۈن، خۇدانىڭ پەرىشتىسى شۇئان ئۇنى ئۇردى. نەتىجىدە، ئۇ قۇرتلاپ ئۆلدى.

24لېكىن، خۇدانىڭ سۆزى داۋاملىق تارقىلىپ، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ سانى كۆپەيمەكتە ئىدى. 25بارنابا بىلەن سائۇل يېرۇسالېمدا ئىئانىلىرىنى تاپشۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، ئانتاكياغا قايتىپ كەتتى. ئۇلار يۇھاننا (ماركۇس) نى بىللە ئېلىپ كەتتى.



*17ياقۇپ _ ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئىنىسى ۋە ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ باش يېتەكچىسى.



 

13

مۇقەددەس روھنىڭ بارنابا بىلەن سائۇلنى ئەۋەتىشى

1ئانتاكيادىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدە بەزى پەيغەمبەرلەر ۋە تەلىم بەرگۈچىلەر بار ئىدى. ئۇلار بارنابا، «قارا» لەقەملىك شىمون، كىرىنىلىك لۇكى، ھىرود خان بىلەن بىللە چوڭ بولغان مېناھېن ۋە سائۇل قاتارلىقلار ئىدى. 2بىر كۈنى ئۇلار خۇداغا ئىبادەت قىلىپ روزا تۇتۇۋاتقان ۋاقتىدا، مۇقەددەس روھ ئۇلارغا:

_ بارنابا بىلەن سائۇلنى مەن چاقىرغان خىزمەتلەرنى قىلىشقا ئاجرىتىڭلار، _ دېدى.

3شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار يەنە ئازراق ۋاقىت روزا تۇتۇپ دۇئا قىلغاندىن كېيىن، بارنابا بىلەن سائۇلنى ئاجرىتىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئۇچىسىغا قوللىرىنى تەگكۈزۈپ ئۇلارنى ئۇزىتىپ قويدى.

بارنابا بىلەن سائۇل سىپرۇستا

4مۇقەددەس روھنىڭ بۇيرۇقى بىلەن يولغا چىققان بارنابا بىلەن سائۇل سەلەكىيە شەھىرىگە بېرىپ، ئۇ يەردىن كېمىگە ئولتۇرۇپ، سىپرۇس دېگەن ئارالغا قاراپ يولغا چىقتى. 5ئۇلار سالامىس شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، يەھۇدىي ئىبادەتخانىلىرىدا خۇدانىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزۈشكە باشلىدى. يۇھاننا (ماركۇس) ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا ياردەملەشتى.

6ئۇلار پۈتۈن ئارالنى ئارىلاپ چىقىپ، پافوس شەھىرىگە كەلدى. ئۇلار ئۇ يەردە ئۆزىنى پەيغەمبەر دەپ ئاتىۋالغان باريەشۇ ئىسىملىك بىر يەھۇدىي سېھىرگەر بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. 7ئۇ سېھىرگەر بۇ ئارالنىڭ بىلىملىك رىملىق ۋالىيسى سېرگىيۇس پائۇلنىڭ تونۇشى ئىدى. ۋالىي سېرگىيۇس بارنابا بىلەن سائۇلنى چاقىرتىپ، خۇدانىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىماقچى بولدى. 8لېكىن، ھېلىقى سېھىرگەر (ئۇنىڭ گرېكچە ئىسمى ئەلىماس بولۇپ، «سېھىرگەر» دېگەن مەنىدە) قارشى چىقىپ، ۋالىينى بۇ ئېتىقادنى قوبۇل قىلىشتىن توسۇشقا تىرىشتى. 9بىراق، مۇقەددەس روھقا چۆمگەن سائۇل (گرېكچە ئىسمى پاۋلۇس* ) ھېلىقى سېھىرگەرگە تىكىلىپ قاراپ، 10ئۇنىڭغا:

_ ئەي شەيتاننىڭ ئوغلى! ھەممە ئادىللىقنىڭ دۈشمىنىسەن. قەلبىڭ ھەر خىل ھىيلىگەرلىك ۋە ئالدامچىلىق بىلەن تولغان. خۇدانىڭ توغرا يوللىرىنى بۇرمىلاشنى زادى توختاتمامسەن؟! 11ئەمدى خۇدا سېنى جازاغا تارتىدۇ! كۆزلىرىڭ كور بولۇپ، بىر مەزگىل كۈننىڭ يورۇقىنى كۆرەلمەيسەن! _ دېدى.

شۇئان، ئەلىماس كۆزلىرىنى بىر قارا تۇمان توسقانلىقىنى سەزدى. ئۇ قوللىرىنى ئۇزىتىپ، باشقىلارنىڭ يېتەكلىشىنى ئۆتۈندى. 12يۈز بەرگەن ئەھۋالنى كۆرگەن ۋالىي ئۇلارنىڭ رەببىمىز ئەيسا ھەققىدىكى تەلىملىرىگە ھەيران بولۇپ، ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى.

پاۋلۇسنىڭ يەھۇدىيلارغا ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدە ئېيتقانلىرى

13پاۋلۇس بىلەن ئۇنىڭ ھەمراھلىرى كېمىگە ئولتۇرۇپ، پافوستىن پامفىلىيە ئۆلكىسىنىڭ پەرگە شەھىرىگە باردى. ئۇ يەردە يۇھاننا (ماركۇس) ئۇلاردىن ئايرىلىپ يېرۇسالېمغا قايتتى. 14پاۋلۇسلار بولسا پەرگە شەھىرىدىن سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، پىسىدىيە رايونىدىكى ئانتاكيا شەھىرىگە بېرىپ، دەم ئېلىش كۈنى يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا كىردى. 15تەۋرات ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ تەلىملىرى ئوقۇلغاندىن كېيىن، ئىبادەتخانىنىڭ مەسئۇللىرى ئۇلارنى چاقىرتىپ:

_ قېرىنداشلار، ئەگەر جامائەتنى رىغبەتلەندۈرىدىغان گەپ-سۆزۈڭلار بولسا، ئېيتىڭلار، _ دېدى.

16پاۋلۇس ئورنىدىن تۇرۇپ، قولىنى كۆتۈرۈپ، خالايىقنى تىنچىتىپ، مۇنداق دېدى:

_ ئەي ئىسرائىللار ۋە يەھۇدىي ئەمەس تەقۋادارلار، قۇلاق سېلىڭلار! 17ئىسرائىللار ئەزەلدىن بېرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئەجدادلىرىمىزنى تاللىدى. ئۇلار مىسىردا ياشىغان مەزگىلدە، خۇدا ئۇلارنى ئۇلۇغ بىر مىللەت قىلدى. خۇدا كۈچ-قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ، قۇللۇق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ئۇلارنى مىسىردىن قۇتقۇزۇپ چىقتى ۋە 18چۆلدە ئۇلارغا تەخمىنەن قىرىق يىل غەمخورلۇق قىلدى. 19ئۇ قانان زېمىنىدىكى يەتتە مىللەتنى يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ زېمىنلىرىنى ئىسرائىل خەلقىگە زېمىنلىققا بەردى. 20بۇ ئىشلارغا ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ 450يىل كەتتى.

كېيىن خۇدا سامۇئىل پەيغەمبەرنىڭ زامانىغىچە ئۇلارغا باتۇر يېتەكچىلەرنى تىكلەپ بەردى. 21كېيىن، ئۇلار سامۇئىل پەيغەمبەردىن بىر پادىشاھ تەيىنلەشنى تەلەپ قىلغانىدى. شۇڭا، خۇدا ئۇلارغا بىنيامىن قەبىلىسىدىن كىش ئىسىملىك ئادەمنىڭ ئوغلى سائۇلنى تاللاپ بەردى. سائۇل قىرىق يىل پادىشاھلىق قىلدى. 22بىراق، خۇدا سائۇلنى تەختىدىن چۈشۈرۈپ، داۋۇتنى پادىشاھ قىلىپ بەردى. خۇدا پادىشاھ داۋۇت ھەققىدە مۇنداق دېگەنىدى: «يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇت مېنى بەك خۇش قىلدى. ئۇ مەن نېمە دېسەم، شۇنى قىلىدۇ!» 23خۇدا بۇرۇن ۋەدە بەرگىنىدەك، داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىسرائىللارغا بىر قۇتقۇزغۇچى تەيىنلىدى. ئۇ _ ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزىدۇر! 24ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى باشلاشتىن بۇرۇن، يەھيا پەيغەمبەر چىقىپ، ئىسرائىل خەلقىنى گۇناھلىرىغا توۋا قىلىپ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىشقا دەۋەت قىلدى. 25يەھيا پەيغەمبەر ۋەزىپىنى تاماملاش ئالدىدا، خالايىققا مۇنداق دېگەنىدى: «سىلەر مېنى كىم دەيسىلەر؟ مېنى خۇدا ئەۋەتىدىغان قۇتقۇزغۇچى دەمسىلەر؟ ياق! مەن سىلەر كۈتكەن ئادەم ئەمەسمەن. ئۇ مەندىن كېيىن كېلىدۇ، مەن ھەتتا ئۇنىڭ ئايىغىنىڭ يىپلىرىنى يېشىشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن!»

26ئەي ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان قېرىنداشلار ۋە يەھۇدىي دىنىنى ياقلايدىغان يەھۇدىي ئەمەسلەر، قۇلاق سېلىڭلار! خۇدا ھەممىمىزنى قۇتقۇزۇلسۇن دەپ، بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزدى. 27يېرۇسالېم خەلقى ۋە ئۇلارنىڭ باشلىقلىرى ھەر دەم ئېلىش كۈنى ئىبادەتخانىدا پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەزرىتى ئەيسا توغرىسىدىكى سۆزلىرىنىڭ ئوقۇلۇشىنى ئاڭلىسىمۇ، چۈشەنمەيتتى، ھەزرىتى ئەيسانىڭ قۇتقۇزغۇچى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتمىگەنىدى. ئۇلارنىڭ ھەزرىتى ئەيسانى ئۆلۈم جازاسىغا لايىق دېيىشى بىلەن، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئالدىن ئېيتقانلىرى ئەمەلگە ئاشتى. 28ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشقا بىرەر گۇناھ تاپالمىغان بولسىمۇ، ۋالىي پىلاتۇستىن يەنىلا ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى تەلەپ قىلدى. پىلاتۇس قوشۇلدى. 29ئۇلار بۇ ئىشلارنى پەيغەمبەرلەرنىڭ قۇتقۇزغۇچى ھەققىدە ئالدىن ئېيتقانلىرىنى بىلمەستىن قىلدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ جەسىتى كرېستتىن چۈشۈرۈلۈپ، دەپنە قىلىندى. 30لېكىن، خۇدا ھەزرىتى ئەيسانى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈردى! 31تىرىلگەندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا بۇرۇن ئۆزى بىلەن بىللە جەلىلىيە ئۆلكىسىدىن يېرۇسالېمغىچە ئەگىشىپ كەلگەنلەرگە كۆپ قېتىم كۆرۈندى. ھازىر بۇ كىشىلەر ئىسرائىل خەلقىگە ھەزرىتى ئەيسانىڭ گۇۋاھچىسى بولۇۋاتىدۇ!

32-33بىزمۇ ھازىر بۇ خۇش خەۋەرنى سىلەرگە يەتكۈزۈۋاتىمىز. خۇدا ھەزرىتى ئەيسانى تىرىلدۈرۈش بىلەن، ئەجدادلىرىمىزغا قىلغان ۋەدىسىنى بىزنىڭ دەۋرىمىزدە ئەمەلگە ئاشۇردى! بۇ ھەقتە پادىشاھ داۋۇت زەبۇرنىڭ ئىككىنچى نەزمىسىدە ئالدىن مۇنداق خاتىرىلىگەن: «سەن مېنىڭ ئوغلۇم. بۈگۈن سېنىڭ ئاتاڭ ئىكەنلىكىمنى جاكارلىدىم.»*34خۇدانىڭ ھەزرىتى ئەيسانى مەڭگۈ چىرىمەس قىلىپ تىرىلدۈرگەنلىكى ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلاردا ئالدىن مۇنداق يېزىلغان: «پادىشاھ داۋۇتقا قىلغان ۋەدەمدە تۇرۇپ، سىلەرگە مۇقەددەس ۋە مۇقەررەر بەخت ئاتا قىلىمەن!» 35بۇ ھەقتە زەبۇرنىڭ يەنە بىر يېرىدە تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ مۇنداق يېزىلغان: «خۇدا، سەن سادىق خىزمەتكارىڭنىڭ تېنىنىڭمۇ چىرىشىگە يول قويمايسەن.»

36بۇ يەردىكى «سادىق خىزمەتكار» دېگەن سۆز پادىشاھ داۋۇتقا قارىتىلغان ئەمەس. چۈنكى، پادىشاھ داۋۇت ئۆزىنىڭ زامانىدا خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە خىزمەت قىلىپ، ئالەمدىن ئۆتۈپ يەرگە كۆمۈلگەن. ئۇنىڭ تېنى چىرىپ كەتكەن. 37ھەزرىتى ئەيسا بولسا خۇدا تەرىپىدىن تىرىلدۈرۈلدى. ئۇنىڭ تېنى پەقەت چىرىمىدى. 38شۇڭا قېرىنداشلار، شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، بىزنىڭ سىلەرگە يەتكۈزۈۋاتقان گۇناھتىن كەچۈرۈم قىلىنىش يولى ھەزرىتى ئەيسانىڭ قىلغانلىرى ئارقىلىقلا مۇمكىن بولىدۇ! 39مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىغا بويسۇنۇشقا ھەرقانچە تىرىشساڭلارمۇ، گۇناھلىرىڭلار كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ. خۇدا پەقەت ھەزرىتى ئەيسا ئارقىلىقلا سىلەرنى ھەققانىي ئادەم دەپ قارايدۇ. 40شۇڭا، پەيغەمبەرلەر ئالدىن ئېيتقان بالايىئاپەت بېشىڭلارغا كېلىپ قالماسلىق ئۈچۈن، ئېھتىيات قىلىپ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە دىققەت قىلىڭلار!:

41«قۇلاق سېلىڭلار، ئەي مېنى مازاق قىلىۋاتقانلار!

ئالاقزادىلىككە چۈشۈپ ئۆلىسىلەر!

چۈنكى، مېنىڭ زامانىڭلاردا قىلماقچى بولغان ئىشلىرىمنى كۆرگىنىڭلاردا،

كىشىلەر ئۇنى سىلەرگە چۈشەندۈرسىمۇ، ئىشەنمەيسىلەر!»

42پاۋلۇس بىلەن بارنابا ئىبادەتخانىدىن چىقىۋاتقاندا، جامائەت ئۇلارنى كېلەركى دەم ئېلىش كۈنى بۇ ئىشلار ھەققىدە يەنە تەلىم بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. 43جامائەت تارقالغاندا، نۇرغۇن يەھۇدىيلار ۋە ئۇلارنىڭ دىنىنى ياقلايدىغان يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ پاۋلۇس بىلەن بارناباغا ئەگەشتى. بۇ ئىككىسى ئۇلارغا سۆز قىلىپ، «خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىدە ياشاشنى داۋاملاشتۇرۇڭلار!» دەپ رىغبەتلەندۈردى.

پاۋلۇسنىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەرگە يۈزلىنىشى

44كېيىنكى دەم ئېلىش كۈنى، پۈتۈن شەھەر خەلقى دېگۈدەك رەببىمىز ئەيسا ھەققىدىكى سۆزلەرنى ئاڭلىغىلى كېلىشتى. 45بىراق، بۇنچە كۆپ ئادەملەرنى كۆرگەن بىر قىسىم يەھۇدىيلار ھەسەت قىلىشقا باشلىدى. ئۇلار پاۋلۇسنىڭ سۆزلىرىنى رەت قىلدى ۋە ئۇنى ھاقارەتلىدى. 46لېكىن، پاۋلۇس بىلەن بارنابا تېخىمۇ يۈرەكلىك ھالدا مۇنداق دېدى:

_ بىز خۇدانىڭ سۆزلىرىنى ئالدى بىلەن يەھۇدىي قېرىنداشلىرىمىزغا يەتكۈزۈشىمىز كېرەك ئىدى. لېكىن، سىلەر يەھۇدىيلار ئۇنى قوبۇل قىلمىدىڭلار. ئۆزۈڭلارنى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشكە لايىق كۆرمىدىڭلار. شۇڭا، بىز سىلەردىن ئايرىلىدىغان بولدۇق. ئەمدى بىز خۇش خەۋەرنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە يەتكۈزىمىز! 47چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدا بىزگە مۇنداق بۇيرۇغان:

«يەر يۈزىنىڭ بۇ چېتىدىن ئۇ چېتىگىچە بارلىق ئىنسانلارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن،

سېنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە نۇر قىلىپ ئەۋەتتىم.»

48يەھۇدىي ئەمەسلەر بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، خۇشال بولۇشتى ۋە ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدىكى بۇ تەلىملەر ئۈچۈن خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشتى. خۇدا تەرىپىدىن مەڭگۈلۈك ھاياتنى قوبۇل قىلىشقا تاللانغانلارنىڭ ھەممىسى ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى.

49شۇنداق قىلىپ، رەببىمىز ئەيسا ھەققىدىكى خۇش خەۋەر پۈتۈن زېمىنغا كەڭ تارقالدى. 50بىراق، يەھۇدىيلار شەھەر باشلىقلىرىنى ۋە ئابرويلۇق دىندار ئاياللارنى پاۋلۇس بىلەن بارناباغا قارشى تۇرۇشقا قۇتراتتى. ئۇلار ئۇ ئىككىسىگە زىيانكەشلىك قىلغۇزۇپ، ئۇلارنى ئۆز يەرلىرىدىن قوغلاپ چىقاردى. 51شۇڭا، پاۋلۇس بىلەن بارنابا ھېلىقى يەھۇدىيلارنى ئەيىبلەش ئۈچۈن ئاياغلىرىدىكى توپىنى قېقىۋېتىپ، كونيا شەھىرىگە كېتىپ قالدى. 52ئانتاكيادىكى ئېتىقادچىلار بولسا خۇشاللىققا ھەمدە مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە چۆمدى.



*9سائۇل يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئارىسىدا خۇش خەۋەر تارقاتقاندا، ئۆزىنىڭ گرېكچە ئىسمى «پاۋلۇس»نى قوللانغان.

*32-33قەدىمكى زامانلاردا ئىسرائىلىيىدە بىر كىشى پادىشاھ قىلىپ تەيىنلەنگەندە، خۇدانىڭ ئوغلى دەپ ئاتىلاتتى. ئەينى ۋاقىتتا ئىسرائىل پادىشاھىغا قارىتىلغان بۇ سۆز بۇ يەردە نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، خۇدانىڭ ئەيسا مەسىھنى تىرىلدۈرگەنلىكى بىلەن، ئۇنى ئەرشتە تەختكە ئولتۇرغۇزۇپ، پادىشاھ قىلغانلىقى كۆرسىتىلىدۇ.



 

14

پاۋلۇس بىلەن بارنابا كونيا شەھىرىدە

1پاۋلۇس بىلەن بارنابا كونيا شەھىرىدىمۇ ئادىتى بويىچە يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا كىردى. ئۇلار جامائەتكە شۇنداق سۆزلىدىكى، نەتىجىدە نۇرغۇن يەھۇدىيلار ۋە يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدىكى خۇش خەۋەرگە ئىشەندى. 2بىراق، ئىشەنمىگەن يەھۇدىيلار باشقا يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئىدىيىسىنى زەھەرلەپ، ئۇلارنى ئېتىقادچىلارغا قارشى تۇرۇشقا قۇتراتتى. 3پاۋلۇس بىلەن بارنابا ئۇ يەردە خېلى ئۇزۇن تۇرۇپ، رەببىمىز ئەيسانىڭ مېھىر-شەپقىتى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى يۈرەكلىك ھالدا يەتكۈزدى. رەببىمىز ئەيسامۇ ئۇلارغا مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسىتىش ئىقتىدارىنى بېرىپ، ئۇلار يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرنىڭ راست ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. 4بۇنىڭ بىلەن، شەھەر خەلقى ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى. بەزىلىرى ھەزرىتى ئەيساغا ئىشەنمەيدىغان يەھۇدىيلار تەرەپتە، بەزىلىرى بولسا ئەلچىلەر تەرەپتە تۇردى. 5ئاخىردا، ھەزرىتى ئەيساغا ئىشەنمەيدىغان يەھۇدىيلار بىلەن يەھۇدىي ئەمەسلەر ئۆز باشلىقلىرى بىلەن بىرلىكتە ئەلچىلەرنى قىيناپ، چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرمەكچى بولدى. 67بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان پاۋلۇس بىلەن بارنابا بۇ شەھەردىن قېچىپ، لىكاۋۇنيا رايونىدىكى لىسترا ۋە دەربە شەھەرلىرى ھەمدە ئەتراپتىكى جايلارغا بېرىپ، خۇش خەۋەرنى داۋاملىق تارقىتىۋەردى.

لىسترا ۋە دەربە شەھەرلىرىدە

8شۇ چاغدا، لىسترا شەھىرىدە بىر تۇغما پالەچ بار ئىدى. 9بۇ ئادەم پاۋلۇسنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىپ ئولتۇراتتى. ئۇنى دىققەت بىلەن كۆزەتكەن پاۋلۇس ئۇنىڭ ھەزرىتى ئەيساغا ئىشەنگەنلىكىنى ۋە ساقايتىلىپ كېتىشكە ئىشەنچى بارلىقىنى سېزىپ، 10يۇقىرى ئاۋاز بىلەن:

_ ئورنۇڭدىن تۇر! _ دېدى.

ھېلىقى ئادەم شۇئان دەس تۇرۇپ مېڭىشقا باشلىدى. 11پاۋلۇسنىڭ بۇ كارامىتىنى كۆرگەن كۆپچىلىك لىكاۋۇنيا تىلى بىلەن:

_ خۇدالار ئىنسان قىياپىتىدە ئارىمىزغا كەپتۇ! _ دەپ ۋارقىرىشىپ كەتتى. 12ئۇلار بارنابانى ئىلاھ زېئۇس، دەپ ئاتاشتى. پاۋلۇس كۆپرەك سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنى ئىلاھ ھېرمىس،* دەپ ئاتاشتى. 13شەھەرنىڭ سىرتىدا «زېئۇس ئىلاھ»نىڭ بۇتخانىسى بار ئىدى. شۇ بۇتخانىدا ئىشلەيدىغان روھانىي خەلق بىلەن بىللە ئەلچىلەرگە ئاتاپ قۇربانلىق قىلماقچى بولۇپ، شەھەر دەرۋازىسىغا ئۆكۈز ۋە گۈل چەمبىرەكلەرنى ئېلىپ كەلدى.

14بارنابا بىلەن پاۋلۇس ئۇلارنىڭ قىلماقچى بولغان ئىشىنى ئاڭلاپ، يىرگەنگەن ھالدا، نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن كۆڭلەكلىرىنى يىرتىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئارىسىغا يۈگۈرۈپ كىرىپ، ۋارقىراپ مۇنداق دېدى:

15_ ئۇنداق قىلماڭلار! بىزمۇ ئادەم، سىلەرگە ئوخشاش ئىنسان! بىز سىلەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشكە كەلدۇق. خۇش خەۋەر شۇكى: ئەرزىمەس نەرسىلەرگە چوقۇنماي، مەڭگۈ ھايات بولغان بىردىنبىر خۇداغىلا ئىبادەت قىلىڭلار! ئۇ ئاسمان-زېمىن، دېڭىز-ئوكيان ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق مەخلۇقلارنى ياراتقان خۇدادۇر! 16بۇرۇنقى زامانلاردا، خۇدا ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئادەملىرىنى ئۆزلىرى تاللىغان يولدا مېڭىشىغا قويۇپ بەرگەن. 17شۇنداقتىمۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھەمىشە ئىسپاتلاپ كەلگەن. ئۇ ھەمىشە ھەممىمىزگە شاپائەت قىلىپ، يامغۇرنى ئۆز ۋاقتىدا ياغدۇرۇپ مول ھوسۇل بېغىشلاپ، رىزقىمىزنى بېرىپ، قەلبىمىزنى خۇشاللىققا چۆمدۈردى. شۇنداق ئەمەسمۇ؟

18ئۇلار بۇ سۆزلەرنى قىلغان بولسىمۇ، خالايىقنىڭ ئۇلارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىشىنى توسۇپ قالالمىغىلى تاسلا قالدى. 19لېكىن، ئانتاكيا ۋە كونيا شەھەرلىرىدىن كەلگەن بەزى يەھۇدىيلار كىشىلەرنى قۇتراتتى. نەتىجىدە، خەلق پاۋلۇسنى چالما-كېسەك قىلدى. ئۇلار پاۋلۇسنى ئۆلدى دەپ ئويلاپ، شەھەر سىرتىغا سۆرەپ ئاپىرىپ تاشلىۋەتتى. 20لېكىن، ئېتىقادچىلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا توپلانغاندا، پاۋلۇس ئورنىدىن تۇرۇپ، شەھەرگە قايتىپ كىردى. ئەتىسى، ئۇ بارنابا بىلەن بىللە دەربە شەھىرىگە كەتتى.

پاۋلۇسنىڭ ئانتاكياغا قايتىپ كېلىشى

21پاۋلۇس بىلەن بارنابا دەربە شەھىرىدە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈپ، نۇرغۇن ئادەملەرنى ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلىشغا يېتەكلىدى. كېيىن، ئىككىيلەن لىسترا، كونيا ۋە ئانتاكيا شەھەرلىرىگە قايتىپ باردى. 22ئۇلار ئۇ يەرلەردە ئېتىقادچىلارنىڭ ئېتىقادىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى رەببىمىز ئەيساغا داۋاملىق سادىق بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

ئۇلار ئېتىقادچىلارغا مۇنداق دېدى:

_ بىز خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىش ئۈچۈن، چوقۇم نۇرغۇن جاپالارنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.

23پاۋلۇس بىلەن بارنابا يەنە ھەرقايسى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە يېتەكچىلەرنى بەلگىلەپ، دۇئا قىلىش ۋە روزا تۇتۇش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىدىغان رەببىمىز ئەيساغا تاپشۇردى. 24ئىككىيلەن پىسىدىيە رايونىدىن ئۆتۈپ پامفىلىيە ئۆلكىسىگە كەلدى. 25ئۇلار پەرگە شەھىرىدە خۇدانىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، دېڭىز بويىدىكى ئانتاليا شەھىرىگە باردى. 26ئاندىن، ئۇ يەردىن كېمىگە ئولتۇرۇپ، سۇرىيىدىكى ئانتاكياغا قايتتى. ئۇلار ئۆزلىرى تاماملىغان بۇ ۋەزىپىنى ئادا قىلىشتىن بۇرۇن، ئانتاكيادىكى ئېتىقادچىلارنىڭ دۇئاسىنى ئالغان بولۇپ، ئېتىقادچىلار ئۇلارنى خۇداغا تاپشۇرۇپ، شۇ چەت زېمىنلارغا خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشكە ئەۋەتكەنىدى. 27ئۇلار ئانتاكياغا قايتىپ كېلىپ، ئېتىقادچىلارنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، ئۇلارغا خۇدانىڭ ئۆزلىرى ئارقىلىق قانداق ئىشلارنى قىلغانلىقىنى ۋە خۇدانىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەرگە قانداق يول ئېچىپ، ئۇلارنىمۇ ئېتىقادى ئارقىلىق قۇتقۇزغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. 28ئۇلار ئۇ يەردە ئېتىقادچىلار بىلەن بىللە ئۇزۇن مەزگىل تۇردى.



*12زېئۇس ۋە ھېرمىس _ زېئۇس قەدىمكى گرېكلارنىڭ ئەڭ چوڭ خۇداسى. ھېرمىس بولسا زېئۇسنىڭ خۇسۇسىي ياردەمچىسى ۋە ناتىقى.



 

15

يېرۇسالېمدىكى يىغىن

1ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلغان بەزى يەھۇدىيلار يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن كېلىپ، ئانتاكيادىكى يەھۇدىي ئەمەس ئېتىقادچىلارغا:

_ سىلەر مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن تەۋراتتىكى خەتنە قىلىنىش ھەققىدىكى بەلگىلىمىنى قوبۇل قىلمىساڭلار، قۇتقۇزۇلمايسىلەر! _ دەپ تەلىم بېرىشكە باشلىدى.

2بۇ مەسىلە توغرىسىدا پاۋلۇس بىلەن بارنابا ئىككىيلەن ئۇلار بىلەن كەسكىن مۇنازىرە ۋە تالاش-تارتىش قىلىشتى. شۇڭا، ئانتاكيادىكى ئېتىقادچىلار پاۋلۇس بىلەن بارناباغا بىرنەچچە ئادەم قوشۇپ: «بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا بېرىپ، باشقا ئەلچىلەر ۋە ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ يېتەكچىلىرى بىلەن كۆرۈشۈڭلار» دەپ قارار قىلدى.

3شۇنداق قىلىپ، ئانتاكيادىكى ئېتىقادچىلار پاۋلۇسلارنى يولغا سالدى. ئۇلار سەپىرىدە فەنىكىيە رايونى ۋە سامارىيە ئۆلكىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ، بارغانلا يېرىدە يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭمۇ يامان يوللىرىدىن يېنىپ، ھەزرىتى ئەيساغا يۈزلەنگەنلىك ۋەقەسىنى سۆزلىدى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان پۈتۈن ئېتىقادچىلار ناھايىتى خۇرسەن بولۇشتى. 4پاۋلۇسلار يېرۇسالېمغا كەلگىنىدە، ئەلچىلەر، يېتەكچىلەر ۋە باشقا ئېتىقادچىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. ئۇلار كۆپچىلىككە خۇدانىڭ ئۆزلىرى ئارقىلىق قىلغان ئىشلىرىنى يەتكۈزدى. 5لېكىن، پەرىسىي دىنىي ئېقىمىدىكىلەردىن ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلغان بەزىلەر ئورنىدىن تۇرۇشۇپ:

_ ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلغان يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ خەتنە قىلىنمىسا بولمايدۇ! ئۇنىڭدىن باشقا، تەۋراتتىكى بارلىق تۈزۈمگە ئەمەل قىلىشى كېرەك! _ دېدى.

6شۇڭا، ئەلچىلەر بىلەن يېتەكچىلەر بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن جەم بولۇشتى. 7ئۇزۇن سۆھبەتلىشىشتىن كېيىن، پېترۇس ئورنىدىن تۇرۇپ مۇنداق دېدى:

_ قېرىنداشلار، خۇدانىڭ مېنى بىرنەچچە يىل بۇرۇن سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن يەھۇدىي ئەمەسلەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈپ، ئۇلارنى ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلدۇرۇشقا تاللىغانلىقىدىن خەۋىرىڭلار بار. 8ئىنسانلارنىڭ قەلبىنى بىلىدىغان خۇدا ئۆزىنىڭ روھىنى بىزگە ئاتا قىلغىنىدەك، يەھۇدىي ئەمەسلەرگىمۇ ئاتا قىلدى. بۇنىڭ بىلەن، خۇدا يەھۇدىي ئەمەسلەرنىمۇ قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 9خۇدا ئۇلارنى بىز بىلەن تەڭ كۆردى. ئۇلارنىڭ ھەزرىتى ئەيساغا بولغان ئېتىقادى ئارقىلىق خۇدا ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى پاك قىلدى. 10ئەھۋال مانا شۇنداق ئىكەن، ئەمدى سىلەر نېمە ئۈچۈن يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ بويۇنلىرىغا شۇنچە ئېغىر يۈكنى ئارتماقچى بولىسىلەر؟ ئۇنى ئۆزىمىز ۋە ئەجدادلىرىمىزمۇ كۆتۈرەلمىگەن تۇرسا! ئۇنداق قىلساڭلار، خۇدانىڭ يولىنى سىنىغان بولمامسىلەر؟! 11ياق! ئۇنداق قىلماڭلار! بىز يەھۇدىيلار رەببىمىز ئەيسانىڭ مېھىر-شەپقىتىگە تايىنىپ، ئېتىقادىمىز ئارقىلىق قۇتقۇزۇلغاندەك، ئۇلارمۇ شۇنداق قۇتقۇزۇلىدۇ!

12پېترۇس گېپىنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئۆيدە جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى. ئاندىن، بارنابا بىلەن پاۋلۇس چىقىپ، خۇدانىڭ ئۆزلىرى ئارقىلىق يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئارىسىدا كۆرسەتكەن بارلىق مۆجىزە ۋە كارامەتلىرىنى بايان قىلدى. 13ئۇلار سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن، ياقۇپ مۇنداق دېدى:

_ قېرىنداشلار، قۇلاق سېلىڭلار! 14باياتىن پېترۇس خۇدانىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەرگىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئارىسىدىنمۇ ئادەم تاللاپ، ئۆزىنىڭ خەلقى قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. 15پەيغەمبەرلەرنىڭ ئېيتقانلىرىمۇ بۇنىڭغا پۈتۈنلەي ئۇيغۇن كېلىدۇ. مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدانىڭ ئاموس پەيغەمبەرگە ئېيتقان مۇنۇ سۆزلىرى يېزىلغان:

16«كېيىن، مەن قايتىپ كېلىپ، پادىشاھ داۋۇتنىڭ ۋەيران بولغان پادىشاھلىقىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىمەن.

ئۇنى خارابىلىكتىن قايتا بىنا قىلىپ، ئەسلىگە كەلتۈرىمەن.

17شۇنداق قىلىپ، باشقا ھەرقانداق ئادەم، جۈملىدىن مەن ئۆز خەلقىم بولۇشقا چاقىرغان يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ مېنى تاپىدۇ.

مەن _ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار، 18خۇددى بۇرۇنلا ۋەدە قىلغىنىمدەك، بۇ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن!»

19ياقۇپ سۆزىنى خۇلاسىلەپ، مۇنداق دېدى:

_ شۇنىڭ ئۈچۈن، مېنىڭچە خۇداغا ئېتىقاد قىلغان يەھۇدىي ئەمەسلەرگە ئورۇنسىز تەلەپ قويماسلىقىمىز كېرەك! 20پەقەت ئۇلارغا: «بۇتلارغا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشلەرنى يېمەڭلار، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلماڭلار، قاننى ۋە بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋاننىڭ گۆشلىرىنىمۇ يېمەڭلار!» دەپ تاپىلاپ، بىر پارچە خەت يازايلى. 21چۈنكى، يەھۇدىيلار مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدىكى بۇ تەلىملەرنى ئۇزۇندىن بېرى ھەر دەم ئېلىش كۈنى ھەرقايسى شەھەردىكى ئىبادەتخانىلاردا يىغىلىپ، ئۆگىنىپ كەلگەن.

يەھۇدىي ئەمەس ئېتىقادچىلارغا يېزىلغان خەت

22شۇنداق قىلىپ، ئەلچىلەر، يېتەكچىلەر ۋە يېرۇسالېمدىكى باشقا پۈتۈن ئېتىقادچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئارىسىدىن بىرنەچچە ئادەمنى تاللاپ، ئۇلارنى پاۋلۇس ۋە بارنابا بىلەن بىللە ئانتاكياغا ئەۋەتىشنى قارار قىلدى. يەھۇدا (بارسابا دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بىلەن سىلاس بۇنىڭغا تاللاندى. بۇ ئىككىيلەن بۇرۇندىن ئېتىقادچىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ كەلگەنىدى. خەتتە مۇنداق يېزىلغان:

23«ھۆرمەتلىك ئانتاكيا، سۇرىيە ۋە كىلىكىيە ئۆلكىلىرىدىكى بارلىق يەھۇدىي ئەمەس ئېتىقادچىلار! يېرۇسالېمدىكى قېرىنداشلىرىڭلاردىن، يەنى بىز ئەلچىلەر بىلەن يېتەكچىلەردىن سىلەرگە سالام!

24بىزدىن يېنىڭلارغا بارغان بەزى كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىنىڭ سىلەرنى بىئارام ۋە پاراكەندە قىلىپ قويغانلىقىنى ئاڭلىدۇق. لېكىن، بىز ئۇلارغا ئۇنداق سۆزلەرنى قىلىشنى تاپشۇرمىغانىدۇق. 25شۇ سەۋەبتىن، بىز بۇ ئىشنى مۇزاكىرە قىلغاندىن كېيىن، ئارىمىزدىن بىرنەچچە كىشىنى تاللاپ، ئۇلارنى قەدىردان دوستلىرىمىز بارنابا ۋە پاۋلۇس بىلەن بىللە يېنىڭلارغا ئەۋەتىشنى قارار قىلدۇق. 26بۇ ئىككىيلەن ھاياتىنىڭ خەتەرگە ئۇچرىشىغا قارىماي، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمىتىدە بولغان كىشىلەردۇر. 27شۇڭا، بىز يەھۇدا بىلەن سىلاسنىمۇ خېتىمىزدىكى قارارلىرىمىزنى سىلەرگە ئۆز ئاغزى بىلەن سۆزلەپ بەرسۇن دەپ، يېنىڭلارغا ئەۋەتىشنى قارار قىلدۇق. 28مەقسەتكە كەلسەك، بىز مۇقەددەس روھنىڭ ياردىمى بىلەن زۆرۈر بولغان ئىككى-ئۈچ بەلگىلىمىدىن سىرت، سىلەرگە ھەرقانداق بىر ئېغىر يۈك يۈكلىمەسلىكنى قارار قىلدۇق. 29زۆرۈر بولغان بەلگىلىمىلەر تۆۋەندىكىچە: بۇتلارغا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشلەرنى يېمەڭلار. قاننى ۋە بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋاننىڭ گۆشلىرىنىمۇ يېمەڭلار. جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلماڭلار. سىلەر مۇشۇ بىرنەچچە ئىشتىن خالىي بولساڭلار، ياخشى قىلغان بولىسىلەر.

سىلەرگە ئامانلىق تىلەيمىز!»

30ۋەكىللەر يولغا چىقىپ، بارنابا ۋە پاۋلۇس بىلەن بىللە ئانتاكياغا باردى. ئۇ يەردە پۈتۈن ئېتىقادچىلارنى يىغىپ، خەتنى ئۇلارغا تاپشۇردى. 31ئۇلار خەتتىكى مەدەت بېرىدىغان سۆزلەرنى ئوقۇپ، ئىنتايىن خۇرسەن بولۇشتى. 32يەھۇدا ۋە سىلاسلار پەيغەمبەر بولۇپ، ئېتىقادچىلارغا نۇرغۇن سۆزلەرنى قىلىپ، ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ، ئېتىقادىنى كۈچەيتتى. 33يېرۇسالېمدىن كەلگەنلەر ئۇ يەردە ئازراق ۋاقىت تۇرۇپ، يېرۇسالېمدىكى ئۆزلىرىنى ئەۋەتكەن ئېتىقادچىلارنىڭ قېشىغا قايتتى. ئانتاكيادىكى ئېتىقادچىلار ئۇلارنى ئۇزىتىپ، سەپىرىگە ئامانلىق تىلىدى. 3435لېكىن، پاۋلۇس ۋە بارنابا ئانتاكيادا يەنە بىر مەزگىل تۇرۇپ، باشقا نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن بىللە رەببىمىز ئەيسا توغرىسىدىكى تەلىمنى يەتكۈزۈپ تۇردى.

پاۋلۇس بىلەن بارنابانىڭ ئايرىلىپ كېتىشى

36ئارىدىن ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، پاۋلۇس بارناباغا:

_ بىز بۇرۇن رەببىمىزنىڭ خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزگەن ھەممە شەھەر-يېزىلارغا بېرىپ، ئېتىقادچىلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ كېلەيلى، _ دېدى.

37بارنابا ماقۇل كۆرۈپ، يۇھاننا (ماركۇس) نى بىللە ئېلىپ بارماقچى بولغانىدى. 38بىراق، پاۋلۇس بۇنى دانا پىكىر ئەمەس، دەپ قارىدى. چۈنكى، ماركۇس ئالدىنقى قېتىم ئۇلار بىلەن بىللە ئىشلەشنى داۋاملاشتۇرماي، پامفىلىيە ئۆلكىسىدە ئۇلاردىن ئايرىلىپ كەتكەنىدى. 39پاۋلۇس بىلەن بارنابا بۇ ئىش يۈزىسىدىن قاتتىق تالاش-تارتىش قىلىشىپ، ئاخىر بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ كېتىشتى. بارنابا ماركۇسنى ئېلىپ، كېمىگە ئولتۇرۇپ سىپرۇس ئارىلىغا كەتتى. 40پاۋلۇس بولسا سىلاسنى تاللاپ، ئېتىقادچىلارنىڭ ئۆزى بىلەن سىلاسنى خۇداغا ئامانەت قىلىشى بىلەن ئۇلاردىن ئايرىلىپ يولغا چىقتى. 41پاۋلۇسلار سۇرىيە ۋە كىلىكىيە ئۆلكىلىرىنى ئارىلاپ، ھەرقايسى جايلاردا ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدىكى كىشىلەرنىڭ ئېتىقادىنى كۈچەيتتى. 




16

تىموتىينىڭ پاۋلۇس بىلەن بىللە ئىشلىشى

1پاۋلۇسلار دەربە ۋە لىسترا شەھەرلىرىگىمۇ كىرىپ ئۆتتى. لىسترادا تىموتىي ئىسىملىك بىر ئېتىقادچى بار ئىدى. ئۇنىڭ ئانىسى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغان يەھۇدىي ئايال ئىدى، ئاتىسى بولسا گرېك ئىدى. 2لىسترا ۋە كونيا شەھەرلىرىدىكى ئېتىقادچىلارنىڭ ھەممىسى تىموتىينى ماختىشاتتى. 3شۇڭا، پاۋلۇس ئۇنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ ماڭماقچى بولدى. بىراق، بۇ يەردىكى يەھۇدىيلارنىڭ ھەممىسى تىموتىينىڭ ئاتىسىنىڭ گرېك ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە، پاۋلۇس يەھۇدىيلارنىڭ ئۇنى قوبۇل قىلماسلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇنى خەتنە قىلدۇردى. 4ئۇلار شەھەر-يېزىلاردىن ئۆتكەچ، يېرۇسالېمدىكى ئەلچىلەر بىلەن يېتەكچىلەر بەلگىلىگەن يەھۇدىي ئەمەسلەرگە مۇناسىۋەتلىك، رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك بولغان قارارلارنى ئېتىقادچىلارغا يەتكۈزدى. 5شۇنداق قىلىپ، ھەرقايسى جامائەتچىلىكتىكىلەرنىڭ ئېتىقادى كۈچەيتىلىپ، ئېتىقادچىلارنىڭ سانىمۇ كۈندىن-كۈنگە كۆپەيدى.

ماكېدونىيىلىكنىڭ چاقىرىقى

6پاۋلۇسلار فرىگىيە ۋە گالاتىيا رايونلىرىغا كىرىپ ئۆتۈپ كەتتى. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا، مۇقەددەس روھ ئۇلارنىڭ ئاسىيا ئۆلكىسىدە خۇش خەۋەر تارقىتىشىغا يول قويمىغانىدى. 7ئۇلار مىسىيە رايونىغا كەلگەندىن كېيىن، بىتىنىيە ئۆلكىسىگە كىرمەكچى بولدى. بىراق، ھەزرىتى ئەيسانىڭ روھى ئۇلارنىڭ كىرىشىگە يەنە بىر قېتىم يول قويمىدى. 8شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار مىسىيىدىن ئۆتۈپ، دېڭىز بويىدىكى تروئاس شەھىرىگە باردى. 9شۇ كۈنى كەچتە، پاۋلۇسقا بىر غايىبانە ئالامەت كۆرۈنۈپ، ماكېدونىيىلىك بىر كىشى ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇرۇپ:

_ دېڭىزدىن ئۆتۈپ، ماكېدونىيە ئۆلكىسىگە كېلىپ، بىزگە ياردەم بەرسىڭىز! _ دەپ تەلەپ قىلدى.

10پاۋلۇس بۇ ئالامەتنى كۆرگەندىن كېيىن، بىز* دەرھال ماكېدونىيىگە بېرىشقا تەييارلاندۇق. چۈنكى، خۇدانىڭ بىزنى ئۇ كىشىلەرنىڭ قېشىغا بېرىپ، خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشكە چاقىرغانلىقىنى چۈشەنگەنىدۇق.

لىديانىڭ ئېتىقاد قىلىشى

11بىز كېمىگە ئولتۇرۇپ، تروئاستىن يولغا چىقىپ، سېمادىرەگ ئارىلىغا قاراپ يول ئېلىپ، ئەتىسى ماكېدونىيىدىكى نېئاپولىس شەھىرىگە باردۇق. 12ئۇ يەردىن ئىچكىرىلەپ، ماكېدونىيىنىڭ شۇ رايونىدىكى فىلىپى دېگەن مۇھىم شەھەرگە ئۆتتۇق. بۇمۇ رىملىقلار ئورۇنلىشىۋالغان ۋە ئۇلار باشقۇرۇۋاتقان شەھەر ئىدى. بىز بۇ يەردە بىرنەچچە كۈن تۇردۇق. 13دەم ئېلىش كۈنى، شەھەر سىرتىدىكى دەريا ساھىلىگە باردۇق. خۇددى ئويلىغىنىمىزدەك، ئۇ يەردە يەھۇدىيلار دۇئا-تىلاۋەت قىلىدىغان بىر جاينى تاپتۇق. بىز ئولتۇرۇپ، ئۇ يەرگە توپلانغان ئاياللار بىلەن سۆھبەتلەشتۇق. 14ئاڭلىغۇچىلار ئىچىدە تىياتىرا شەھىرىدىن كەلگەن لىديا ئىسىملىك بىر ئايال بار ئىدى. سۆسۈن رەڭلىك رەخت ساتىدىغان لىديا گەرچە يەھۇدىي بولمىسىمۇ، خۇداغا ئىبادەت قىلاتتى. خۇدانىڭ ئۇنىڭ قەلبىنى يورۇتۇشى بىلەن، ئۇ پاۋلۇسنىڭ تەلىمىنى قوبۇل قىلدى. 15ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن چۆمۈلدۈرۈلگەندىن كېيىن، بىزنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ:

_ ئەگەر سىلەر مېنى رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى، دەپ قارىساڭلار، مېنىڭ ئۆيۈمگە بېرىپ تۇرۇپ كېتىڭلار! _ دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى.

شۇنىڭ بىلەن، بىز ئۇنىڭغا ماقۇل بولۇپ، ئۆيىگە باردۇق.

پاۋلۇس بىلەن سىلاسنىڭ زىندانغا تاشلىنىشى

16بىر كۈنى بىز يەھۇدىيلار دۇئا قىلىدىغان جايغا يەنە بىر قېتىم بارغاندا، ئالدىمىزغا بىر دېدەك چىقتى. بۇ قىزغا جىن چاپلىشىۋالغان بولۇپ، بۇ روھ ئۇنى باشقىلارنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىشلىرىغا پال سالىدىغان قىلىپ قويغانىدى. ئۇ خوجايىنلىرىغا پال سېلىش ئارقىلىق نۇرغۇن پۇل تېپىپ بەرگەنىدى. 17ئۇ يول بويى پاۋلۇس ۋە بىزگە ئەگىشىپ:

_ بۇ كىشىلەر ئۇلۇغ خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرى، ئۇلار سىلەرگە قۇتقۇزۇلۇش يولىنى يەتكۈزىدۇ! _ دەپ ۋارقىراپ ماڭدى.

18ئۇ خېلى كۆپ كۈن ئۇدا شۇنداق ۋارقىرىغانىدى. بۇنىڭدىن ئىنتايىن بىزار بولغان پاۋلۇس قىزغا جىن چاپلىشىۋالغانلىقىنى بىلىپ، ئۇنىڭغا بۇرۇلۇپ، ھېلىقى جىنغا:

_ ئەيسا مەسىھنىڭ نامى بىلەن بۇيرۇيمەنكى، ئۇنىڭ تېنىدىن چىق! _ دېيىشىگىلا، جىن شۇئان چىقىپ كەتتى.

19دېدەك پال سالالمايدىغان بولۇپ قالغاندىن كېيىن، خوجايىنلىرى پۇل تېپىش خىياللىرىنىڭ يوققا چىققانلىقىنى بىلىشىپ، پاۋلۇس بىلەن سىلاسنى تارتىپ چىقىپ، ئۇلارنى شەھەر مەيدانىغا، باشلىقلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. 20ئۇلار پاۋلۇس بىلەن سىلاسنى رىم ئەمەلدارلىرىنىڭ ئالدىغا چىقىرىپ:

_ بۇ يەھۇدىيلار شەھىرىمىزنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى. 21ئۇلار قانۇنىمىزغا خىلاپ قائىدە-تۈزۈملەرنى تارقىتىۋاتىدۇ! بىز رىملىق بولغاندىكىن، ئۇلارنىڭ تارقاتقانلىرىنى قوبۇل قىلساق ۋە ئىجرا قىلساق بولمايدۇ! _ دەپ شىكايەت قىلدى.

22كۆپچىلىكمۇ ئۇلارغا قوشۇلۇپ، ھۇجۇمغا ئۆتكەنىدى. ئەمەلدارلار پاۋلۇس بىلەن سىلاسنىڭ كىيىملىرىنى يىرتىپ يالىڭاچلاپ، كالتەك بىلەن ئۇرۇشقا ئەمر چۈشۈردى. 23ئۇلار قاتتىق ئۇرۇلغاندىن كېيىن، زىندانغا تاشلاندى. گۇندىپايغا قاتتىق كۆزىتىش بۇيرۇلدى. 24بۇ بۇيرۇق بىلەن گۇندىپاي ئۇلارنى زىنداننىڭ ئىچكىرىدىكى كامېرىغا سولاپ، پۇتلىرىغا ئىشكەل سالدى.

25تۈن يېرىمىغا يېقىن، پاۋلۇس بىلەن سىلاس دۇئا قىلىپ، خۇداغا مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىۋاتاتتى. باشقا مەھبۇسلار بولسا قۇلاق سېلىپ ئاڭلاۋاتاتتى. 26تۇيۇقسىز قاتتىق يەر تەۋرەپ، زىنداننىڭ ئۇللىرىمۇ سىلكىنىپ كەتتى. زىنداننىڭ پۈتۈن ئىشىكلىرى ئېچىلىپ، مەھبۇسلاردىكى كىشەنلەرمۇ چۈشۈپ كەتتى. 27ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ زىنداننىڭ ئىشىكلىرىنىڭ ئوچۇق تۇرغانلىقىنى كۆرگەن گۇندىپاي ھەممە مەھبۇسلار قېچىپ كەتسە، ئەمەلدارلار چوقۇم مېنى ئۆلتۈرىدۇ دەپ، قىلىچىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالماقچى بولدى.

28لېكىن، پاۋلۇس:

_ جېنىڭغا زامىن بولما، ھەممىمىز بار! _ دەپ قاتتىق ۋارقىرىدى.

29گۇندىپاي چىراغ ئەكەلدۈرۈپ، پاۋلۇس بىلەن سىلاسنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ كىرىپ، تىترىگەن ھالدا ئۇلارنىڭ ئايىغىغا يىقىلدى. 30كېيىن، ئۇلارنى تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ:

_ قۇتقۇزۇلۇش ئۈچۈن قانداق قىلىشىم كېرەك؟ _ دەپ سورىدى.

31_ رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىلىشىڭ كېرەك. شۇنداق قىلساڭ، ئۆزۈڭ ھەم ئائىلەڭدىكىلەرمۇ قۇتقۇزۇلىدۇ! _ دېدى ئۇلار.

32شۇنىڭ بىلەن، ئىككىيلەن ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە رەببىمىز ئەيسا ھەققىدە چۈشەنچە بەردى. 33شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا گۇندىپاي ئۇلارنى باشلاپ چىقىپ، يارىلىرىنى يۇيۇپ تازىلىدى. ئۇ دەرھال ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى. 34ئۇ پاۋلۇس بىلەن سىلاسنى ئۆز ئۆيىگە باشلاپ كېلىپ، ئالدىغا داستىخان سالدى. ئۇلار خۇداغا ئېتىقاد قىلغانلىقتىن ئائىلە بويىچە خۇشاللىققا چۆمگەنىدى.

35ئەتىسى ئەتىگەندە، رىم ئەمەلدارلىرى زىندانغا ياساۋۇللارنى ئەۋەتىپ:

_ ئۇ ئىككىيلەننى قويۇۋېتىڭلار! _ دەپ بۇيرۇدى.

36گۇندىپاي پاۋلۇسقا:

_ ئەمەلدارلار سىلاس ئىككىڭلارنى قويۇۋېتىش ئەمرىنى بەردى. سىلەر ئەمدى زىنداندىن چىقساڭلار بولىدۇ. تىنچ-ئامان قايتىڭلار، _ دېدى.

37بىراق، پاۋلۇس ياساۋۇللارغا:

_ بىز رىم پۇقرالىرى بولساقمۇ، ئەمەلدارلار بىزنى سوراق قىلمايلا خالايىقنىڭ ئالدىدا قانۇنسىز ھالدا كالتەك بىلەن ئۇرۇپ، زىندانغا تاشلىدى. ئەمدى ئۇلار بىزنى ئوغرىلىقچە قوغلىماقچىمۇ؟ بۇنداق قىلسا بولمايدۇ. بىزنى رىم ئەمەلدارلىرى ئۆزى كېلىپ ئېلىپ كەتسۇن! _ دېدى.

38-39ياساۋۇللار بۇ سۆزلەرنى رىم ئەمەلدارلىرىغا يەتكۈزدى. ئۇلار پاۋلۇس بىلەن سىلاسنىڭ رىم پۇقراسى ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ قورقۇپ كەتتى ۋە زىندانغا بېرىپ ئۇلاردىن كەچۈرۈم سورىدى. ئۇلارنى زىنداندىن ئېلىپ چىققاندىن كېيىن، شەھەردىن چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلدى.

40زىنداندىن چىققان پاۋلۇس بىلەن سىلاس لىديانىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇ يەردە قېرىنداشلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ، شەھەردىن چىقىپ كەتتى.



*10مۇئەللىپ لۇقا بۇ يەردە «بىز» دېگەن سۆزنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مۇشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ پاۋلۇسلار بىلەن بىللە خۇش خەۋەر يەتكۈزگەنلىكىنى ئىپادىلىگەن.



 

17

سالونىكا شەھىرىدىكى توپىلاڭ

1پاۋلۇس بىلەن ئۇنىڭ ھەمراھلىرى سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئامفىپولىس ۋە ئاپوللونىيا شەھەرلىرىدىن ئۆتۈپ، سالونىكا شەھىرىگە كەلدى. ئۇ يەردە يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەتخانىسى بار ئىدى. 23پاۋلۇس ئادىتى بويىچە ئىبادەتخانىغا كىرىپ، ئۇدا ئۈچ دەم ئېلىش كۈنى ئۇ يەردە جەم بولغان كىشىلەر بىلەن مۇقەددەس يازمىلارنى ئاساس قىلغان ھالدا مۇنازىرىلىشىپ، ئۇلارغا قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھنىڭ خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئۆلتۈرۈلۈپ، ئاندىن ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلگەنلىكىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بەردى.

_ مەن سىلەرگە جاكارلىغان ھەزرىتى ئەيسا دەل قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھنىڭ ئۆزى! _ دېدى ئۇ.

4يەھۇدىيلارنىڭ ئىچىدىن بەزىلەر قايىل بولۇپ، پاۋلۇس بىلەن سىلاسقا ئەگىشىپ، ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى. يەھۇدىي دىنىنى ياقلايدىغان نۇرغۇن گرېك ئەر ۋە يۇقىرى تەبىقىدىكى گرېك ئاياللارمۇ ھەزرىتى ئەيساغا ئىشەندى. 5بىراق، يەھۇدىيلار بۇنىڭغا ھەسەتخورلۇق قىلدى. ئۇلار كوچىدا بىكار يۈرىدىغان ئاقنانچىلارنى توپلاپ، شەھەردە توپىلاڭ كۆتۈردى. يەھۇدىيلار پاۋلۇس بىلەن سىلاسنى تۇتۇپ، توپىلاڭچىلارغا تاپشۇرۇپ بېرىش مەقسىتىدە ياسۇن ئىسىملىك بىر ئېتىقادچىنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ كىردى. 6لېكىن، ئۇلار پاۋلۇس بىلەن سىلاسنى تاپالماي، ياسۇن ۋە باشقا بىرنەچچە ئېتىقادچىلارنى يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئالدىغا تارتىپ ئاپىرىپ:

_ ھەممە جايلاردا ئالەمنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلماقچى بولغان ھېلىقى ئادەملەر شەھىرىمىزگىمۇ يېتىپ كەلدى. 7ياسۇن ئۇلارنى ئۆيىگە قوبۇل قىلدى. ئۇلار ئەيسا ئىسىملىك باشقا بىر پادىشاھ بار دەپ، رىم ئىمپېراتورىنىڭ پەرمانىغا خىلاپلىق قىلىۋاتىدۇ! _ دەپ چۇقان سېلىپ، يالغان شىكايەت قىلدى.

8بۇ سۆزلەر يەرلىك ئەمەلدارلار بىلەن خالايىقنى دەككە-دۈككىگە سېلىپ قويدى. 9يەرلىك ئەمەلدارلار ياسۇن ۋە بىللە تۇتۇپ كېلىنگەن ئېتىقادچىلاردىن كاپالەت پۇلى ئالغاندىن كېيىنلا، ئاندىن ئۇلارنى قويۇۋەتتى.

بېرىيا شەھىرىدە

10ئېتىقادچىلار پاۋلۇس بىلەن سىلاسنى شۇ كۈنى كەچ كىرىش بىلەنلا، بېرىيا شەھىرىگە ئەۋەتىۋەتتى. ئۇلار ئۇ يەرگە بېرىپ، يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا كىردى. 11ئۇ يەرنىڭ ئادەملىرى سالونىكادىكىلەرگە قارىغاندا كاللىسى ئېچىلغان بولۇپ، ئۇلار پاۋلۇس بىلەن سىلاسنىڭ ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدە بەرگەن تەلىمىنى قىزىقىپ ئاڭلىدى ۋە ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ توغرا-خاتالىقىنى بىلىش ئۈچۈن، ھەر كۈنى مۇقەددەس يازمىلارنى ئىزدىنىپ ئۆگەندى. 12نەتىجىدە، نۇرغۇن يەھۇدىيلار، ئۇنىڭدىن باشقا خېلى كۆپ گرېك ئەرلەر ۋە يۇقىرى تەبىقىدىكى گرېك ئاياللارمۇ ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى. 13لېكىن، سالونىكادىكى يەھۇدىيلار پاۋلۇسنىڭ بېرىيادا ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇ يەرگە بېرىپ پاۋلۇسقا زىيانكەشلىك قىلىش مەقسىتىدە توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئاممىنى قۇتراتتى. 14شۇڭا، ئېتىقادچىلار پاۋلۇسنى دەرھال دېڭىز بويىدىكى جايلارغا ئەۋەتىۋەتتى. سىلاس بىلەن تىموتىي بولسا بېرىيادا قالدى. 15پاۋلۇسقا ھەمراھ بولۇپ ماڭغانلار ئۇنى ئافىنا شەھىرىگىچە ئېلىپ بېرىپ، ئاندىن بېرىياغا قايتىپ كەلدى. ئۇلار پاۋلۇسنىڭ «سىلاس بىلەن تىموتىي مۇمكىنقەدەر مېنىڭ يېنىمغا تېزرەك كەلسۇن» دېگەن سۆزىنى ئېلىپ كەلدى.

ئافىنا شەھىرىدە

16پاۋلۇس ئافىنا شەھىرىدە سىلاس بىلەن تىموتىينى كۈتۈپ تۇرغاندا، شەھەرنىڭ ھەممە يېرىنى بۇت قاپلاپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن بىئارام بولدى. 17شۇڭا، ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا يەھۇدىيلار ۋە ئۇلارنىڭ دىنىنى ياقلايدىغان يەھۇدىي ئەمەسلەر بىلەن سۆھبەتلىشەتتى ھەم ھەر كۈنى بازاردا ئۇچرىغانلا كىشىلەر بىلەن بۇ توغرۇلۇق مۇنازىرىلىشەتتى. 18«ئېپىكۇرلار» ۋە «ستوئىكلار» دەپ تونۇلغان بەزى پەيلاسوپلارمۇ ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە باشلىدى. بەزىلەر:

_ بۇ جاھانكەزدى پوچى نېمە دەپ جۆيلۈۋاتىدۇ؟ _ دېيىشتى.

يەنە بەزىلەر پاۋلۇسنىڭ ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆلۈپ تىرىلدۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى تەلىملىرىنى ئاڭلاپ:

_ ئۇ چەت ئەللىكلەرنىڭ خۇدالىرىنى تەشۋىق قىلىۋاتسا كېرەك! _ دېيىشتى. 19شۇڭا، ئۇلار پاۋلۇسنى «ئارېئوپاگۇس» دېگەن چوڭ كېڭەش مەيدانىغا ئېلىپ بېرىپ:

_ سەن تارقىتىۋاتقان يېڭى تەلىماتلىرىڭدىن بىزنىمۇ ئاز-تولا خەۋەردار قىلىپ قويساڭ قانداق؟ 20بەزى ئىشلارنى ئاڭلاپ ئىنتايىن ھەيران بولدۇق، زادى نېمە دېمەكچى بولغىنىڭنى بىلمەكچىمىز، _ دېيىشتى. 21(ئافىنالىقلار ۋە ئۇ يەردە تۇرۇۋاتقان چەت ئەللىكلەرنىڭ ھەممىسى كۆپ ۋاقتىنى يېڭى ئوي-پىكىرلەرنى ئاڭلاشقا ۋە ئالماشتۇرۇشقا سەرپ قىلىشاتتى.) 22شۇڭا، پاۋلۇس ئالدىغا چىقىپ مۇنداق دېدى:

_ ئەي ئافىنا خەلقى! سىلەرنىڭ كۈچلۈك ئېتىقادىي قىزغىنلىقىڭلارنىڭ بارلىقىنى بىلىمەن. 23چۈنكى، شەھەر ئىچىدە ھەممە يەرنى ئارىلاپ، سىلەرنىڭ ئىبادەت قىلىدىغان جايلىرىڭلارنى كۆزدىن كەچۈرگىنىمدە، قۇربانلىق سۇپىلىرىنىڭ بىرىنىڭ ئۈستىدە «مەلۇم بولمىغان خۇداغا» دەپ بېغىشلىما يېزىلغانلىقىنى كۆردۈم. مەن ھازىر دەل سىلەرگە مەلۇم بولمىغان، لېكىن سىلەر ئىبادەت قىلىۋاتقان مانا شۇ خۇدانى سىلەرگە تونۇشتۇراي.

24پۈتكۈل دۇنيانى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنى ياراتقان خۇدا پۈتۈن ئالەمنىڭ ئىگىسىدۇر. ئۇ ئىنسانلارنىڭ قولى بىلەن بىنا قىلىنغان بۇتخانىلاردا تۇرمايدۇ. 25ئۇنىڭ ئىنسانلارغا ھېچقانداق ھاجىتى چۈشمەيدۇ. ئەكسىچە، ئىنسانلارغا ھاياتلىق، نەپەس، شۇنداقلا ئۇلار ئېھتىياجلىق بولغان ھەرقانداق نەرسىنى ئاتا قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرىدۇ. 26ئۇ بىر ئادەمدىن پۈتكۈل مىللەتلەرنى ياراتتى، ئۇلارنى پۈتۈن يەر يۈزىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ گۈللىنىشى ۋە زاۋاللىققا يۈزلىنىشى ھەمدە تۇرىدىغان جايلىرىنى ئالدىن بەلگىلەپ بەردى. 27ئۇ: «ئىنسانلار مېنى ئىزدەپ تاپسۇن» دەپ، شۇنداق قىلدى. ئەمەلىيەتتە، ئۇ بىزلەردىن يىراق ئەمەس. 28بىز ئۇ ئارقىلىق ياشايمىز، ھەرىكەت قىلىمىز، مەۋجۇتمىز. ئاراڭلاردىكى بەزى شائىرلار يازغاندەك: «بىز خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى!» 29بىز خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى بولغاچقا، ئۇنى ھۈنەرۋەننىڭ ماھارىتى بىلەن ئويۇپ ياسالغان ئالتۇن-كۈمۈش ياكى تاش بۇتلارغا ئوخشاتماسلىقىمىز كېرەك! 30بۇرۇنقى زامانلاردا، خۇدا: «بۇتقا ئىشىنىدىغانلار ھازىرچە مېنىڭ يوللىرىمنى بىلمەيدۇ» دەپ، ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى كۆرمەسكە سالدى. لېكىن بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى گۇناھلىرىغا توۋا قىلىپ، ئۇنىڭ يولىغا قايتىشقا بۇيرۇماقتا! 31چۈنكى، ئۇ ئۆزى تاللىغان ئادەم ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيانى ئادىللىق بىلەن سوراق قىلىدىغان قىيامەت كۈنىنى بەلگىلىدى. خۇدانىڭ ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەنلىكى بۇ ئىشنىڭ مۇقەررەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

32پاۋلۇسنىڭ ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلىشى ھەققىدە ئېيتقانلىرىنى ئاڭلىغان بەزى كىشىلەر ئۇنى مەسخىرە قىلىشقا باشلىدى. يەنە بەزىلەر:

_ بۇ ئىشنى يەنە بىر ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلىمىز، _ دېدى.

33بۇنىڭ بىلەن، پاۋلۇس كېڭەشمە مەيدانىدىن قايتىپ چىقتى. 34بەزىلەر ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ، ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە كېڭەشمە ھەيئەتلىرىدىن دىيونىسىيۇس، دامارىس ئىسىملىك بىر ئايال ۋە باشقا بىرقانچە كىشىمۇ بار ئىدى. 




18

كورىنت شەھىرىدە

1بۇ ئىشلاردىن كېيىن، پاۋلۇس ئافىنا شەھىرىدىن كورىنت شەھىرىگە باردى. 2پاۋلۇس ئۇ يەردە پونتۇس ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان ئاكۋىلا ئىسىملىك بىر يەھۇدىي بىلەن ئۇنىڭ ئايالى پرىسكىلانى ئۇچراتتى. ئۇلار رىملىق كلاۋدىيۇس پادىشاھنىڭ پۈتۈن يەھۇدىيلارنىڭ رىم شەھىرىدىن چىقىپ كېتىشى توغرىسىدىكى بۇيرۇقى سەۋەبلىك يېقىندا ئىتالىيىدىن كەلگەنىدى. پاۋلۇس ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ، 3ئۇلارنىڭ يېنىدا قېلىپ ئىشلىدى. چۈنكى، بۇرۇندىن چېدىر ياساش بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدىغان پاۋلۇس ئۇلار بىلەن كەسىپداش چىقىپ قالدى. 4يەھۇدىيلارنىڭ ھەربىر دەم ئېلىش كۈنىدە، پاۋلۇس ئىبادەتخانىغا بېرىپ، يەھۇدىيلار ۋە گرېكلار بىلەن سۆزلىشىپ، ئۇلارنى ئۆز تەلىمىنىڭ راست ئىكەنلىكىگە قايىل قىلىشقا تىرىشاتتى.

5سىلاس بىلەن تىموتىي ماكېدونىيىدىن كەلگەندىن كېيىن، پاۋلۇس بارلىق ۋاقتىنى خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزۈشكە سەرپ قىلىپ، يەھۇدىيلارغا ھەزرىتى ئەيسانىڭ قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھ ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەردى. 6لېكىن، ئۇلار ئۇنىڭغا قارشى چىقتى ۋە ئۇنى ھاقارەتلىدى. بۇنىڭ بىلەن پاۋلۇس پېشىنى قېقىپ، ئۇلارغا:

_ ئەگەر سىلەر قۇتقۇزۇلمىساڭلار، مەن جاۋابكار ئەمەس، ئۆزۈڭلار جاۋابكار. بۈگۈندىن باشلاپ، مەن خۇش خەۋەرنى سىلەرگە ئەمەس، يەھۇدىي ئەمەسلەرگە يەتكۈزىمەن، _ دېدى.

7بۇنىڭ بىلەن، پاۋلۇس ئۇلاردىن ئايرىلىپ، تىتىيۇس يۇستۇس ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تۇردى. ئۇ يەھۇدىي بولمىسىمۇ، يەھۇدىي دىنىنى ياقلايدىغان ئادەم بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆيى ئىبادەتخانىنىڭ يېنىدا ئىدى. 8ئىبادەتخانىنىڭ مەسئۇلى كرىسپۇس پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى. يەنە نۇرغۇن يەھۇدىي ئەمەس كورىنتلىقلارمۇ پاۋلۇسنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلىشقا باشلىدى ۋە چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى.

9بىر كېچە، پاۋلۇسقا بىر غايىبانە ئالامەت كۆرۈندى. بۇ ئالامەتتە رەببىمىز ئەيسا ئۇنىڭغا:

_ قورقما، سۈكۈت قىلماي سۆزلە. 10مەن سەن بىلەن بىللە. ساڭا ھېچكىم زىيانكەشلىك قىلالمايدۇ. چۈنكى، بۇ شەھەردە نۇرغۇن كىشىلىرىم بار! _ دېدى.

11شۇنىڭ بىلەن، پاۋلۇس ئۇ يەردە بىر يېرىم يىل تۇرۇپ، ئۇ يەردىكى كىشىلەرگە خۇدانىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزدى.

12غاللىيو يۇنان ئۆلكىسىنىڭ ۋالىيسى بولغان ۋاقتىدا، يەھۇدىيلار بىرلىشىپ پاۋلۇسنى تۇتۇپ سوتقا ئاپىرىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن:

13_ بۇ ئادەم كىشىلەرنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا خۇداغا ئىبادەت قىلىشقا قۇتراتتى! _ دەپ شىكايەت قىلدى.

14پاۋلۇس سۆز باشلاي دەپ تۇرۇشىغا، ۋالىي غاللىيو ئۇلارغا:

_ ئەي يەھۇدىيلار! ئەگەر سىلەرنىڭ شىكايىتىڭلار بىر ناھەقلىق ياكى بىرەر ئېغىر جىنايەت توغرىسىدا بولسىدى، ئەلۋەتتە سەۋرچانلىق بىلەن سىلەرگە قۇلاق سېلىشىمغا توغرا كېلەتتى. 15بىراق، تالاش-تارتىشىڭلار دىنىي قانۇنۇڭلاردىكى بەزى ئىسىملار ۋە سۆزلەر توغرىسىدا ئىكەن، ئۇنى ئۆزۈڭلار ھەل قىلىڭلار. مەن بۇنداق كىچىك ئىشلارنى سوراق قىلمايمەن! _ دېدى.

16بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار سوتتىن ھەيدەپ چىقىرىلدى. 17خالايىق يەھۇدىي ئىبادەتخانىسىنىڭ مەسئۇلى سوستېنىسنى تارتىپ چىقىپ، سوراقخانىنىڭ ئالدىدا قاتتىق ئۇردى. بىراق، ۋالىي غاللىيو بۇ ئىشقا قىلچە پىسەنت قىلمىدى.

پاۋلۇسنىڭ ئانتاكيا شەھىرىگە قايتىپ كېلىشى

18پاۋلۇس كورىنت شەھىرىدە ئېتىقادچىلار بىلەن يەنە بىر مەزگىل تۇردى. كېيىن، ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ، پرىسكىلا ۋە ئاكۋىلالار بىلەن كېمىگە ئولتۇرۇپ، سۇرىيە ئۆلكىسىگە كەتتى. يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى، ئۇ دېڭىز بويىدىكى كېنھېرىيە شەھىرىدە چاچلىرىنى كەستۈرۈۋەتتى. چۈنكى، ئۇ خۇداغا بىر قەسەم قىلغانىدى. 19ئۇلار ئەفەس شەھىرىگە بارغاندىن كېيىن، پاۋلۇس پرىسكىلا ۋە ئاكۋىلا بىلەنمۇ خوشلاشتى. ئۇ كېتىشتىن بۇرۇن ئىبادەتخانىغا بېرىپ، يەھۇدىيلار بىلەن ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدە سۆھبەتلەشتى. 20ئۇلار ئۇنى بىرنەچچە كۈن ئۇزۇنراق تۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى، لېكىن پاۋلۇس قوشۇلمىدى. 21پاۋلۇس ئۇ يەردىن ئايرىلىش ۋاقتىدا، ئۇلارغا:

_ خۇدا بۇيرۇسا، سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا يەنە كېلىمەن، _ دېدى، ئاندىن ئەفەستىن كېمە بىلەن يولغا چىقتى.

22پاۋلۇس قەيسەرىيە شەھىرىدە كېمىدىن چۈشۈپ، يېرۇسالېمغا باردى. ئۇ يەردىكى ئېتىقادچىلار بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئانتاكيا شەھىرىگە كەتتى. 23ئۇ ئانتاكيادا ئېتىقادچىلار بىلەن خېلى كۆپ ۋاقىت تۇرۇپ، يەنە يولغا چىقتى ۋە گالاتىيا ۋە فرىگىيە رايونلىرىنى ئارىلاپ، بارغانلا يېرىدە ئېتىقادچىلارنىڭ ئېتىقادىنى كۈچەيتتى.

ئاپوللوسنىڭ ئەفەس ۋە كورىنت شەھەرلىرىدە تەلىم بېرىشى

24بۇ ئارىدا، ئىسكەندەرىيە شەھىرىدە تۇغۇلغان ئاپوللوس ئىسىملىك بىر يەھۇدىي ئەفەس شەھىرىگە كەلدى. ئۇنىڭ سۆز قابىلىيىتى ئۈستۈن بولۇپ، مۇقەددەس يازمىلاردىن خېلى ساۋاتى بار ئىدى. 25رەببىمىزنىڭ يولى توغرۇلۇق مەلۇم دەرىجىدە تەلىم ئالغان ئاپوللوس رەببىمىز ئەيسا ھەققىدە قىزغىن سۆزلەپ تەلىم بېرەتتى. ئۇنىڭ تەلىمى توغرا بولسىمۇ تولۇق ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئۇ چۆمۈلدۈرۈلۈش توغرۇلۇق يەھيا پەيغەمبەرنىڭ سۇغا چۆمۈلدۈرۈشىدىنلا بىلەتتى. 26ئاپوللوس ئىبادەتخانىدا يۈرەكلىك سۆزلەشكە باشلىدى. ئاڭلاۋاتقانلاردىن پرىسكىلا بىلەن ئاكۋىلا ئۇنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ، ئۇنىڭغا خۇدانىڭ يولىنى تېخىمۇ تولۇق چۈشەندۈردى. 27كېيىن ئاپوللوس يۇنان ئۆلكىسىگە بارماقچى بولغاندا، ئەفەسلىك ئېتىقادچىلار ئۇنىڭغا ياردەمدە بولۇپ، يۇناندىكى ئېتىقادچىلارغا خەت يېزىپ، ئۇلاردىن ئاپوللوسنى كۈتۈۋېلىشنى سورىدى. ئاپوللوس يۇنانغا بېرىپ، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلغانلارغا چوڭ ياردەمدە بولدى. 28ئۇ جامائەت ئالدىدا يەھۇدىيلار بىلەن مۇنازىرىلىشىپ، ئۇلارغا كۈچلۈك رەددىيە بەردى ھەمدە مۇقەددەس يازمىلارنى ئاساس قىلىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھ ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ بەردى. 




19

پاۋلۇس ئەفەس شەھىرىدە

1ئاپوللوس كورىنت شەھىرىدىكى ۋاقتىدا، پاۋلۇس سەپەر قىلىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇق ئارقىلىق ئەفەس شەھىرىگە كەلدى. ئۇ يەردە مەرھۇم يەھيا پەيغەمبەرنىڭ بەزى شاگىرتلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، 2ئۇلاردىن:

_ سىلەر خۇدانىڭ يولىغا مېڭىشقا باشلىغاندا، ئۇنىڭ مۇقەددەس روھى سىلەرگە ئاتا قىلىنغانمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

_ ياق، بىز مۇقەددەس روھ بار دېگەننى زادى ئاڭلىماپتىكەنمىز، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار.

3پاۋلۇس يەنە:

_ ئۇنداقتا، سىلەر چۆمۈلدۈرۈلگەندە، ئۇنىڭ مەنىسىنى نېمە دەپ چۈشەندىڭلار؟ _ دەپ سورىدى.

_ بىزنىڭ چۈشەنچىمىز يەھيا پەيغەمبەر بەرگەن تەلىمگە ئاساس قىلىنغان، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار.

4_ شۇ چاغدا، يەھيا پەيغەمبەر كىشىلەرگە چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغانلارنىڭ گۇناھىغا توۋا قىلىپ، خۇداغا يۈزلىنىش نىيىتىنى ئىپادىلىشى كېرەكلىكىنى ھەم ئۆزىدىن كېيىن كەلگۈچىگە، يەنى ھەزرىتى ئەيساغا ئىشىنىشى كېرەكلىكىنى تاپىلىغان، _ دېدى پاۋلۇس.

5ئۇلار بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىلىپ، ئۇنىڭ نامى بىلەن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى. 6پاۋلۇس قولىنى ئۇلارغا تەگكۈزۈپ تۇرۇپ دۇئا قىلىۋاتقاندا، ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىغا مۇقەددەس روھ چۈشتى. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئۆزلىرىگە نامەلۇم بولغان تىللاردا خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشتى ھەم خۇدادىن كەلگەن ۋەھىيلەرنى يەتكۈزۈشكە باشلىدى. 7ئۇلار تەخمىنەن ئون ئىككى كىشى ئىدى.

8ئۈچ ئاي داۋامىدا، پاۋلۇس ئەفەس شەھىرىدىكى يەھۇدىيلار ئىبادەتخانىسىغا كىرىپ، ئۇلار بىلەن يۈرەكلىك سۆزلىشىپ، ئۇلارنى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى توغرىسىدىكى تەلىمگە قايىل قىلىشقا تىرىشتى. 9لېكىن، بەزىلىرى جاھىللىق قىلىپ ئىشەنمەي، جامائەت ئالدىدا رەببىمىز ئەيسا يولىغا ھاقارەت كەلتۈردى. شۇڭا، پاۋلۇس ئېتىقادچىلارنى ئېلىپ ئۇلاردىن ئايرىلدى ۋە ھەر كۈنى تىراننۇس ئىسىملىك ئادەمنىڭ مەكتىپىدە سۆھبەتلىشىشنى داۋاملاشتۇردى. 10بۇ خىزمەت ئىككى يىل داۋاملاشتى. نەتىجىدە، ئاسىيا ئۆلكىسىدىكى پۈتۈن خەلق، يەھۇدىيلار ياكى يەھۇدىي ئەمەسلەر بولسۇن، ھەممەيلەن رەببىمىز ئەيسا ھەققىدىكى سۆزلەردىن خەۋەردار بولدى.

سكېۋانىڭ ئوغۇللىرى

11خۇدا پاۋلۇس ئارقىلىق ئاجايىپ مۆجىزىلەرنى ياراتتى. 12بەزىلەر ھەتتا قول ياغلىق ۋە لۆڭگىلىرىنى پاۋلۇسنىڭ تېنىغا تەگكۈزۈپ، ئاندىن كېسەللەرنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ، ئۇلارنىڭ ئۇچىسىغا يېپىپ قوياتتى. نەتىجىدە، كېسەللەر ساقىيىپ، جىنلار ئۇلارنىڭ تېنىدىن چىقىپ كېتەتتى. 13شۇ ئەتراپتا ئايەت ئوقۇپ جىن قوغلاشنى كەسىپ قىلىۋالغان بەزى يەھۇدىيلارمۇ بار ئىدى. ئۇلار رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىلمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ نامىنى ئىشلىتىپ، جىنلارنى ھەيدىۋەتمەكچى بولۇشاتتى. ئۇلار جىنلارغا: «پاۋلۇس ئېيتقان ئەيسانىڭ نامىدىن بۇيرۇيمەنكى، چىقىپ كېتىڭلار!» دەيدىغان بولدى. 14بۇ ئىشنى قىلغانلارنىڭ ئارىسىدا سكېۋا ئىسىملىك بىر يەھۇدىي ئالىي روھانىينىڭ يەتتە ئوغلىمۇ بار ئىدى. 15بىر كۈنى ئۇلار جىن چاپلىشىۋالغان بىر كىشىنىڭ تېنىدىكى جىننى قوغلىماقچى بولغاندا، جىن چىقىشقا ئۇنىماي، ئۇلاردىن:

_ مەن ئەيسانى تونۇيمەن، پاۋلۇسنىڭ كىم ئىكەنلىكىنىمۇ بىلىمەن، بىراق ئۆزۈڭلارچۇ؟ ئۆزۈڭلار كىم بولىسىلەر؟ _ دەپ سورىدى.

16شۇنىڭ بىلەن، جىن چاپلىشىۋالغان كىشى شىددەتلىك ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، جىن قوغلىغۇچىلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتى. ئۇلار يارىلىنىپ، كىيىملىرى يىرتىلىپ، يالىڭاچ ھالدا ئۆيدىن قېچىپ چىقىپ كەتتى.

17ئەفەس شەھىرىدە ياشايدىغان پۈتۈن يەھۇدىيلار ۋە يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ بۇ ئىشنى ئاڭلاپ، ناھايىتى قورقۇشتى. شۇنىڭدىن كېيىن، رەببىمىز ئەيسانىڭ نامى بۇ يەردىمۇ كۆپ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولدى. 18نەتىجىدە، نۇرغۇن ئېتىقادچىلار بۇرۇن قىلغان يامانلىقلىرىنى ئوچۇق ئېتىراپ قىلىشقا باشلىدى. 19سېھىرگەرلىك قىلغان بىرمۇنچە ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ سېھىرگەرلىك توغرىسىدىكى كىتابلىرىنى ئەكېلىپ بىر يەرگە دۆۋىلەپ، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا كۆيدۈرۈشتى. بۇ كىتابلارنىڭ قىممىتى جەمئىي ئەللىك مىڭ كۈمۈش تەڭگىگە يېتەتتى. 20شۇنداق قىلىپ، رەببىمىزنىڭ تەلىمى ئومۇميۈزلۈك تارقىلىپ، زور تەسىر پەيدا قىلدى.

ئەفەس شەھىرىدىكى توپىلاڭ

21بۇ ئىشلاردىن كېيىن، پاۋلۇس ماكېدونىيە ۋە يۇنان ئۆلكىسى ئارقىلىق يېرۇسالېمغا قايتىش قارارىغا كەلدى. ئۇ:

_ ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن، رىم شەھىرىگە بېرىشىم كېرەك، _ دېدى.

22بۇنىڭ بىلەن، ئۇ ياردەمچىلىرىدىن تىموتىي بىلەن ئېراست ئىككىيلەننى ئۆزىنىڭ بېرىشىغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن، ماكېدونىيە ئۆلكىسىگە ئەۋەتىۋېتىپ، ئۆزى يەنە بىر مەزگىل ئاسىيا ئۆلكىسىدە قالدى.

23دەل شۇ چاغدا، ئەفەس شەھىرىدە رەببىمىز ئەيسا يولىغا قارشى ئېغىر قالايمىقانچىلىق يۈز بەردى. 24ئايال ئىلاھ ئارتېمىسنىڭ شەرىپىگە ياسالغان بۇتخانىنىڭ كۈمۈش ھەيكەللىرىنى ياسىغان دىمىترىي ئىسىملىك بىر زەرگەر بار ئىدى. ئۇنىڭ ھۈنەرۋەنلىرى بۇ ھۈنەر بىلەن كۆپ پايدا ئالغانىدى. 25دىمىترىي ھۈنەرۋەنلىرى ۋە ئۆز خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇستىلارنى يىغىپ، ئۇلارغا:

_ قېرىنداشلار، بىزنىڭ راۋاج تېپىشىمىزنىڭ ھۈنىرىمىزگە باغلىق ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر. 26ھازىر ھېلىقى پاۋلۇس دېگەن ئەبلەخنىڭ نېمە ئىشلارنى قىلىپ يۈرگەنلىكىنى ئاڭلىغان ھەم كۆرگەن بولۇشۇڭلار كېرەك. ئۇ، «قول بىلەن ياسىۋالغان بۇتلىرىڭلار خۇدا ئەمەس» دېيىش بىلەن، ئەفەس ۋە پۈتۈن ئاسىيا ئۆلكىسىدىكى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ، تۇيۇق يولغا باشلاۋاتىدۇ. 27بۇنداق بولغاندا، بىزنىڭ بۇ كەسپىمىزنىڭ نامىغا داغ چۈشۈش خەۋپى بولۇپلا قالماي، بەلكى ئۇلۇغ ئايال خۇدايىمىز ئارتېمىسنىڭ بۇتخانىسىمۇ قەدىرلەنمەي، ھەتتا ئاسىيا ئۆلكىسى ۋە پۈتۈن يەر يۈزىدىكىلەر ئىبادەت قىلىپ كەلگەن ئايال خۇدايىمىزنىڭ شان-شەرىپىنىڭ يوقىلىش خەۋپىمۇ بولىدۇ! _ دېدى.

28بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان كۆپچىلىكنىڭ غەزىپى ئۆرلەپ، قايتا-قايتا:

_ بىز ئەفەسلىكلەرنىڭ ئايال خۇداسى ئارتېمىس ئۇلۇغدۇر! _ دەپ چۇقان سېلىشقا باشلىدى.

29بۇنىڭ بىلەن، پۈتۈن شەھەر ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كەتتى. توپىلاڭچىلار پاۋلۇسنىڭ سەپەرداشلىرىدىن ماكېدونىيىلىك گايۇس ۋە ئارىستارخۇسلارنى تۇتۇۋېلىپ، ئالدىغا سېلىپ، ئۈستى ئوچۇق تىياتىرخانىغا ئېلىپ باردى. 30پاۋلۇس توپىلاڭچىلار ئارىسىغا كىرىپ سۆزلىمەكچى بولۇۋىدى، لېكىن ئېتىقادچىلار ئۇنى كىرىشتىن توسىدى. 31ھەتتا پاۋلۇسنىڭ دوستلىرى بولغان بەزى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارمۇ پاۋلۇسقا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى تىياتىرخانىغا بېرىش خەۋپىگە تەۋەككۈل قىلماسلىققا ئۈندىدى.

32بۇ چاغدا، پۈتۈن تىياتىرخانىنىڭ ئىچى ۋاراڭ-چۇرۇڭغا تولغان بولۇپ، بىرى بىرنېمە دەپ ۋارقىرىسا، يەنە بىرى يەنە بىرنېمە دەپ ۋارقىرايتتى. كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ نېمىگە يىغىلغانلىقىنىمۇ بىلمەيتتى. 33يەھۇدىيلار ئۆزلىرىنىڭ پاۋلۇسنىڭ تەرەپدارلىرى ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئىسكەندەر ئىسىملىك ئادەمنى ئۆزلىرىنى ئاقلاش مەقسىتىدە ئالدىغا چىقاردى. ئىسكەندەر كۆپچىلىككە قول ئىشارىتى قىلىپ، يەھۇدىيلارنى ئاقلاشقا باشلىدى. 34بىراق، كۆپچىلىك ئۇنىڭ يەھۇدىي ئىكەنلىكىنى بىلگەندە، بۇ ئىشتا ئۇنىڭمۇ مەسئۇلىيىتى بار ئوخشايدۇ، دەپ قالدى. شۇڭا، كۆپچىلىك تەڭلا:

_ خۇدايىمىز ئارتېمىس ئۇلۇغدۇر! _ دەپ ئىككى سائەتچە چۇقان سېلىشتى. 35ئاخىردا، شەھەرنىڭ يەرلىك ئەمەلدارى خالايىقنى تىنچلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى:

_ ئەي ئەفەس خەلقى! بىز ئەفەسلىكلەرنىڭ ئۇلۇغ ئارتېمىس بۇتخانىسىنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئاسماندىن چۈشكەن مۇقەددەس تېشىنىڭ قوغدىغۇچىسى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان كىشى بارمۇ؟! 36بۇ ئىشلارنى ھېچكىم يوققا چىقىرىۋېتەلمەيدۇ. شۇڭا، سىلەر ئۆزۈڭلارنى بېسىۋېلىشىڭلار، ئويلىماي بىرەر كۆڭۈلسىز ئىش چىقىرىپ قويماسلىقىڭلار كېرەك. 37سىلەر بۇ كىشىلەرنى بۇ يەرگە سوراق قىلىشقا ئېلىپ كەلدىڭلار. لېكىن، ئۇلار يا بۇتخانىنىڭ بىرەر نەرسىسىنى ئوغرىلاپ كەتكىنى، يا بىزنىڭ ئايال خۇدايىمىزغا كۇپۇرلۇق قىلغىنى يوق. 38ئەگەر دىمىترىي ۋە ئۇنىڭ كەسىپداشلىرىنىڭ ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ ئۈستىدىن شىكايىتى بولسا، سوراقخانىلار ئوچۇق. سوراقچىلارمۇ بار. شىكايىتىنى شۇ يەرگە بېرىپ قىلسۇن. 39باشقا مەسىلىلىرىڭلار بولسىمۇ، قانۇنىي سورۇنلارغا بېرىپ، بىر تەرەپ قىلىشىڭلار لازىم. 40رىملىقلار بۈگۈنكى ۋەقەنى توپىلاڭ دەپ، بىزگە جازا بېرىشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن. بۇ قالايمىقانچىلىقنىڭ ھېچ سەۋەبى بولمىغانىكەن، ھېسابىنىمۇ بېرەلمەيمىز-دە!

41بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، ئۇ خەلقنى تارقىتىۋەتتى. 




20

پاۋلۇسنىڭ ماكېدونىيە ۋە يۇنانغا قايتا كېلىشى

1توپىلاڭ بېسىققاندىن كېيىن، پاۋلۇس ئېتىقادچىلارنى چاقىرىپ، ئۇلارنى رىغبەتلەندۈردى ۋە ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ، ماكېدونىيە ئۆلكىسىگە كەتتى. 2ئۇ شۇ ئەتراپتىكى جايلارنى ئارىلاپ، ئېتىقادچىلارنى رىغبەتلەندۈرىدىغان نۇرغۇن سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، يۇنانغا بېرىپ، 3ئۇ يەردە ئۈچ ئاي تۇردى. پاۋلۇس كېمىگە ئولتۇرۇپ سۇرىيە ئۆلكىسىگە قايتماقچى بولۇپ تۇرغاندا، يەھۇدىيلارنىڭ ئۇنى ئۆلتۈرۈش سۇيىقەستىدە ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، ماكېدونىيە ئۆلكىسىدىن ئۆتۈپ، قۇرۇقلۇق بىلەن قايتىپ كېتىش قارارىغا كەلدى. 4ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلار، بېرىيالىق پىرۇس ئوغلى سوپاتېر، سالونىكالىقلاردىن ئارىستارخۇس بىلەن سېكۇندۇس، دەربەلىك گايۇس، تىموتىي ۋە ئاسىيا ئۆلكىسىدىن تىكىكۇس بىلەن تروفىملار ئىدى. 5ئۇلار باشتا تروئاس شەھىرىگە كېمە بىلەن بېرىپ، بىزنىڭ يېتىپ بېرىشىمىزنى كۈتۈپ تۇردى. 6پېتىر نان ھېيتىدىن كېيىن، بىز فىلىپى شەھىرىدىن كېمىگە ئولتۇرۇپ، بەش كۈندىن كېيىن تروئاسقا كېلىپ، ئۇلار بىلەن ئۇچراشتۇق ۋە ئۇ يەردە بىر ھەپتە تۇردۇق.

پاۋلۇسنىڭ تروئاسنى ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشى

7يەكشەنبە كۈنى، بىز ناننى بۆلۈشۈپ، ھەزرىتى ئەيسانى خاتىرىلەش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولدۇق. پاۋلۇس ئەتىسى كەتمەكچى بولغاچقا، كۆپچىلىككە تۈن يېرىمگىچە تەلىم بەردى. 8بىز جەم بولغان يۇقىرىقى قەۋەتتىكى ھۇجرىدا نۇرغۇن ماي چىراغلار يېنىپ تۇراتتى. 9ئەفتىكۇس ئىسىملىك بىر يىگىت دېرىزىدە ئولتۇرغانىدى. پاۋلۇسنىڭ سۆزى داۋاملاشقانسېرى ماي چىراغنىڭ ئىسى ھۇجرىنى قاپلاپ، ھېلىقى يىگىتنى مۈگدەك باستى. كېيىن، ئۇ قاتتىق ئۇيقۇغا كېتىپ، ئۈچىنچى قەۋەتتىن يەرگە يىقىلىپ چۈشتى. كۆپچىلىك ئۇنى يەردىن كۆتۈرۈپ قارىسا، ئۇ ئۆلۈپ بوپتىكەن. 10پاۋلۇس پەسكە چۈشۈپ، ئۆزىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېتىپ، قۇچاقلاپ تۇرۇپ:

_ ھودۇقماڭلار، ئۇ تىرىك! _ دېدى. 11كېيىن، ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقىپ، ھەزرىتى ئەيسانى خاتىرىلەش ئۈچۈن ناننى بۆلۈشۈپ يەپ، ئىبادەت قىلدۇق. پاۋلۇس تاڭ ئاتقۇچە سۆزىنى داۋاملاشتۇرغاندىن كېيىن، بىز بۇ يەردىن يولغا چىقتۇق. 12تروئاستىكى ئېتىقادچىلار بولسا ھېلىقى يىگىتنى ئۆيىگە ھايات ئاپىرىپ قويدى. كۆپچىلىك بۇ ۋەقەدىن چوڭقۇر تەسەللى تاپتى.

پاۋلۇسنىڭ خوشلىشىش نۇتقى

13پاۋلۇس تروئاس شەھىرىدىن ئاسوس شەھىرىگە پىيادە بارماقچى بولدى. شۇڭا، ئۇ بىزنىڭ كېمە بىلەن ئالدىن يۈرۈپ، ئۇ شەھەرگە ئۇنىڭدىن بۇرۇن يېتىپ بېرىپ، ئۇ يەردە بىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىشىمىزنى ئورۇنلاشتۇرغانىدى. 14كېيىن، ئاسوستا ئۇچراشتۇق ۋە كېمىگە چۈشۈپ، مىدىللى شەھىرىگە كەلدۇق. 15ئاندىن، يەنە يولغا چىقىپ، ئەتىسى خىيوس ئارىلىنىڭ يېنىغا كەلدۇق. ئۈچىنچى كۈنى، ئەفەستىن ئۆتۈپ، ساموس ئارىلىغا كەلدۇق ۋە ئۇنىڭ ئەتىسى كېمە بىلەن مىلېت شەھىرىگە باردۇق. 16ئاسىيا ئۆلكىسىدە كۆپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈۋەتمەسلىك ئۈچۈن، پاۋلۇس ئەفەستە توختىماسلىقنى قارار قىلغانىدى. ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ ئورما ھېيتىنى مۇمكىنقەدەر يېرۇسالېمدا ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئالدىرايتتى. 17پاۋلۇس مىلېت شەھىرىدىن ئەفەسكە ئادەم ئەۋەتىپ، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى يېتەكچىلىرىنى چاقىردى. 18ئۇلار كەلگەندىن كېيىن، پاۋلۇس ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ مەن ئاسىيا ئۆلكىسىگە ئاياغ باسقان بىرىنچى كۈندىن تارتىپ، سىلەر بىلەن قانداق ئۆتكەنلىكىم ھەربىرىڭلارغا مەلۇم. 19يەھۇدىيلارنىڭ سۇيىقەستلىرى تۈپەيلىدىن تارتقان ئازابلار ئىچىدە، كۆزۈمدىن ياش ئۈزۈلمىگەن ھالدا كەمتەرلىك بىلەن رەببىمىز ئەيسانىڭ خىزمىتىدە بولدۇم. 20مەيلى ئاممىۋى سورۇنلاردا بولسۇن ياكى ئۆيلىرىڭلاردا بولسۇن، سىلەرگە تەلىم بەرگەن ۋاقىتلىرىمدا، سىلەرگە پايدىلىق بولغانلا نەرسىلەرنى ئېيتماي قويمىدىم. 21يەھۇدىيلار ۋە يەھۇدىي ئەمەسلەرنى توۋا قىلىپ، خۇداغا يۈزلىنىشكە ۋە رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىلىشقا ئۈندىدىم.

22ھازىر مۇقەددەس روھنىڭ ئەمرىگە ئاساسەن يېرۇسالېمغا كېتىۋاتىمەن. ئۇ يەردە قانداق ئىشلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقىمنى ئۇقمايمەن. 23پەقەت شۇنى بىلىمەنكى، مۇقەددەس روھ مەن بارىدىغانلا شەھەرلەردە مېنى زىندان ۋە ئازابلارنىڭ كۈتۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتىپ كەلمەكتە. 24لېكىن، مەن ئۆز مۇساپەمنى تاماملىشىم، رەببىمىز ئەيسانىڭ تاپشۇرغان خىزمىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندىشىم، يەنى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇشۇم ئۈچۈن، ئۆز ھاياتىمنى قىلچە ئايىماي، يېرۇسالېمغا كېتىۋاتىمەن.

25مەن سىلەر بىلەن ئارىلىشىپ، ھەربىرىڭلارغا خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ھەققىدە چۈشەندۈردۈم. ئەمدى ماڭا مەلۇمكى، بۇنىڭدىن كېيىن سىلەر مېنى قايتا كۆرەلمەيسىلەر. 26شۇنىڭ ئۈچۈن، بۈگۈن سىلەرگە شۇنى جىددىي ئېيتىپ قويايكى، ئاراڭلاردا ھەرقانداق بىر كىشى قۇتقۇزۇلمىسا، مەن جاۋابكار ئەمەسمەن. 27چۈنكى، مەن خۇدانىڭ ئىرادىسىنى قىلچە ئېلىپ قالماي سىلەرگە تولۇق يەتكۈزدۈم. 28ئۆزۈڭلارغا پەخەس بولۇڭلار، مۇقەددەس روھ سىلەرنىڭ باشلامچىلىق قىلىشىڭلارغا تاپشۇرغان بارلىق قېرىندىشىڭلارغىمۇ پەخەس بولۇڭلار! پادىچى قويلىرىنى باققاندەك، سىلەرمۇ خۇدانىڭ جامائەتچىلىكىنى بېقىڭلار، چۈنكى خۇدا ئۇلارنى ئۆز ئوغلىنىڭ قېنىغا سېتىۋالغان! 29ماڭا ئايانكى، مەن كەتكەندىن كېيىن، چىلبۆرىلەر پادىنى قالايمىقانلاشتۇرغانغا ئوخشاش، 30سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىنمۇ بەزىلەر ئېتىقادچىلارنى ئۆزلىرىگە ئەگەشتۈرۈش ئۈچۈن، خاتا تەلىم تارقىتىدۇ. 31شۇڭا، ھوشيار بولۇڭلار. مېنىڭ ئۈچ يىل كېچە-كۈندۈز دېمەي، سىلەرگە ياش ئاققۇزۇپ نەسىھەت بەرگەنلىكىمنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار.

32ئەمدى مەن سىلەرنى خۇداغا ۋە ئۇنىڭ مېھىر-شەپقەتلىك سۆزلىرىگە تاپشۇردۇم. بۇ سۆزلەر ئارقىلىق خۇدا ئېتىقادىڭلارنى كۈچەيتىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ مۇقەددەس خەلقىگە ئاتىغان مىراستىن سىلەرنى بەھرىمەن قىلىدۇ. 33سىلەرگە مەلۇمكى، مەن ھېچقاچان ھەرقانداق كىشىنىڭ كىيىملىرىگە ياكى ئالتۇن-كۈمۈشىگە كۆز قىرىمنىمۇ سالمىدىم. 34مەن ئىككى بىلىكىمگە تايىنىپ، ئۆزۈمنىڭ ۋە ھەمراھلىرىمنىڭ ھاجىتىدىن چىقتىم. 35ھەرقانداق ئىشتا سىلەرگە مۇشۇنداق ئەجىر ئارقىلىق ھاجەتمەنلەرگە ياردەم بېرىش لازىملىقىنى كۆرسەتتىم. شۇنداق قىلساڭلار، رەببىمىز ئەيسا ئۆزى ئېيتقان: «بەرمەك ئالماقتىنمۇ زور بەخت» دېگىنىنى ئېسىڭلاردىن چىقارمايسىلەر!

36پاۋلۇس بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ھەممەيلەن بىلەن بىرلىكتە تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ دۇئا قىلدى. 37كۆپچىلىك كۆز يېشى قىلىشىپ، ئۇنىڭ بىلەن قۇچاقلىشىپ، سۆيۈشۈپ خوشلاشتى. 38ئۇلارنى ئەڭ مەيۈسلەندۈرگىنى پاۋلۇسنىڭ، «بۇنىڭدىن كېيىن مېنى قايتا كۆرەلمەيسىلەر» دېگەن سۆزى بولدى. كېيىن، ئۇلار ئۇنى كېمىگە چىقىرىپ ئۇزىتىپ قويدى. 




21

پاۋلۇسنىڭ يېرۇسالېمغا بېرىشى

1بىز ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ، كېمە بىلەن ئۇدۇل قوس ئارىلىغا قاراپ يول ئالدۇق. ئەتىسى، رودوس ئارىلىغا، ئۇ يەردىن پاتارايا شەھىرىگە باردۇق. 2پاتارايادا فەنىكىيە رايونىغا بارىدىغان بىر كېمىنى تېپىپ، ئۇنىڭغا ئولتۇرۇپ يولغا چىقتۇق. 3سىپرۇس ئارىلى كۆرۈنگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ جەنۇبىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، سۇرىيە ئۆلكىسىگە قاراپ مېڭىپ، تىر شەھىرىدە قۇرۇقلۇققا چىقتۇق. چۈنكى، كېمە بۇ يەردە يۈكىنى چۈشۈرەتتى. 4بۇ يەردىكى ئېتىقادچىلاردىن بەزىلىرىنى تېپىپ، ئۇلارنىڭ يېنىدا يەتتە كۈن تۇردۇق. مۇقەددەس روھ ئۇلارغا پاۋلۇسنىڭ يېرۇسالېمدا تارتىدىغان ئازابلىرىدىن خەۋەر بەرگەنىدى، شۇڭا ئۇلار ئۇنىڭغا يېرۇسالېمغا بارما، دەپ نەسىھەت قىلدى. 5بىراق، بىز ئۇ يەردە بىر ھەپتە تۇرغاندىن كېيىن، سەپىرىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق. ئېتىقادچىلار ۋە ئۇلارنىڭ خوتۇن-بالىلىرىنىڭ ھەممىسى بىزنى شەھەرنىڭ سىرتىغا ئۇزىتىپ چىقتى. ھەممەيلەن دېڭىز بويىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ بىللە دۇئا قىلدۇق. 6خوشلاشقاندىن كېيىن، بىز كېمىگە چىقتۇق، ئۇلار ئۆيلىرىگە قايتىشتى.

7تىر شەھىرىدىن دېڭىز سەپىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇپ، پىتولىماي شەھىرىگە كەلدۇق. ئۇ يەردىكى ئېتىقادچىلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ يېنىدا بىر كۈن تۇردۇق. 8ئەتىسى، ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، كېمە بىلەن قەيسەرىيە شەھىرىگە كېلىپ، خۇش خەۋەر يەتكۈزگۈچى فىلىپنىڭ ئۆيىگە بېرىپ قوندۇق. ئۇ بۇرۇن يېرۇسالېمدىكى ئېتىقادچىلار تەرىپىدىن خىزمەتكە تاللانغان يەتتە كىشىنىڭ بىرى ئىدى. 9بۇ كىشىنىڭ خۇدانىڭ ۋەھىيلىرىنى يەتكۈزەلەيدىغان، تېخى تالالىق بولمىغان تۆت قىزى بار ئىدى. 10بىز ئۇ يەردە بىرنەچچە كۈن تۇرغاندىن كېيىن، يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن ئاگابۇس ئىسىملىك بىر پەيغەمبەر كەلدى. 11بۇ كىشى بىزنىڭ ئالدىمىزغا كېلىپ، پاۋلۇسنىڭ بەلۋېغىنى قولىغا ئېلىپ، ئۆزىنىڭ پۇت-قولىنى باغلاپ:

_ مۇقەددەس روھ دېدىكى، بۇ بەلۋاغنىڭ ئىگىسى يېرۇسالېمدا يەھۇدىيلار تەرىپىدىن مۇشۇنداق باغلىنىپ، رىملىقلارنىڭ سوراق قىلىنىشىغا تاپشۇرۇلىدۇ! _ دېدى.

12بىز بۇ سۆزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شۇ يەرلىك كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە پاۋلۇسنى يېرۇسالېمغا بارماسلىققا ئۈندىدۇق. 13لېكىن، پاۋلۇس:

_ سىلەر نېمىشقا بۇنچىۋالا قايغۇرۇپ، يۈرىكىمنى ئېزىسىلەر؟ مەن يېرۇسالېمدا رەببىمىز ئەيسا ئۈچۈن تۇتقۇن بولۇشقىلا ئەمەس، ئۇ يەردە ئۆلۈشكىمۇ تەييارمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى.

14بىز ئۇنى قايىل قىلالماي، بولدى قىلدۇق ۋە:

_ خۇدانىڭ خالىغىنىدەك بولسۇن! _ دېدۇق.

15ئۇ يەردە بىرنەچچە كۈن تۇرۇپ، يۈك-تاقىمىزنى يىغىشتۇرۇپ، يېرۇسالېمغا باردۇق. 16قەيسەرىيىلىك ئېتىقادچىلاردىن بىرنەچچىسى بىز بىلەن ھەمسەپەر بولۇپ، يېرۇسالېمدا بىزنى مىناسون ئىسىملىك بىر سىپرۇسلۇقنىڭ ئۆيىگە باشلاپ باردى. بۇ كىشى كونا ئېتىقادچىلاردىن ئىدى.

پاۋلۇسنىڭ ياقۇپ بىلەن كۆرۈشۈشى

17يېرۇسالېمدا ئېتىقادچىلار بىزنى قىزغىن قارشى ئالدى. 18ئەتىسى، بىز پاۋلۇس بىلەن بىللە ياقۇپنى كۆرگىلى باردۇق. ياقۇپ بىلەن ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدىكى باشقا يېتەكچىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇ يەرگە يىغىلغانىدى. 19پاۋلۇس ئۇلار بىلەن ئامانلاشقاندىن كېيىن، خۇدانىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەر ئىچىدە ئۆزى ئارقىلىق قىلغان پۈتۈن ئىشلىرىنى ئۇلارغا تەپسىلىي مەلۇم قىلدى. 20بۇلارنى ئاڭلىغان كۆپچىلىك خۇداغا مەدھىيە ئوقۇپ، پاۋلۇسقا:

_ ئەي قېرىنداش، يېرۇسالېمدا ئەھۋال مۇنداق: يەھۇدىيلار ئىچىدە نەچچە مىڭلىغان كىشى ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى تەۋرات قانۇنىغا قاتتىق ئەمەل قىلىدۇ. 21ئۇلارنىڭ ئاڭلىشىچە، سىز يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئارىسىدا ياشىغان پۈتۈن يەھۇدىيلارغا بالىلىرىنى خەتنە قىلدۇرماسلىقىنى، يەھۇدىيلارنىڭ باشقا ئەنئەنىلىرىگە رىئايە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى ئۆگىتىپ، تەۋراتنى چۆرۈۋېتىپسىز! 22شۇڭا، بۇ يەردىكى يەھۇدىيلار سىزنىڭ بۇ يەرگە كەلگەنلىكىڭىزنى ئاڭلىسا، سىزگە چوقۇم زىيانكەشلىك قىلماي قالمايدۇ! ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟ 23بىزنىڭچە مۇنداق قىلسىڭىز: ئارىمىزدا خۇدانى رازى قىلىش ئۈچۈن قەسەم بەرگەن تۆت ئادەم* بار. 24سىز ئۇلارنى ئېلىپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە تەۋراتتىكى تازىلىنىش دىنىي قائىدىسىدىن ئۆتۈڭ، ئۇلارنىڭ قۇربانلىق چىقىملىرىنى ئۆزىڭىز كۆتۈرۈڭ. قۇربانلىق قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار قەسەملىرىنىڭ ئادا بولغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن چاچلىرىنى چۈشۈرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، خالايىق سىز توغرۇلۇق ئاڭلىغانلىرىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى چۈشىنىدۇ ھەمدە ئۆزىڭىزنىڭمۇ تەۋراتقا رىئايە قىلىدىغانلىقىڭىزنى كۆرىدۇ. 25يەھۇدىي ئەمەس ئېتىقادچىلارغا كەلسەك، ئۇلار يەھۇدىيلارنىڭ ئەنئەنىلىرىگە رىئايە قىلمىسىمۇ بولىدۇ. پەقەتلا ئۆتكەنكى خېتىمىزدە تاپىلىغىنىمىزدەك، بۇتقا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىنغان يېمەكلىكلەرنى يېمىسۇن، قاننى ۋە بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋاننىڭ گۆشىنىمۇ يېمىسۇن، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلمىسۇن، _ دېيىشتى.

26بۇنىڭ بىلەن، پاۋلۇس ئۇ تۆت كىشىنى ئېلىپ، ئەتىسى ئۇلار بىلەن بىللە تازىلىنىش دىنىي قائىدىسىنى ئۆتكۈزۈشكە باردى. ئۇ مەركىزىي ئىبادەتخانىغا كىرىپ، روھانىيلارغا ئۆزلىرىنىڭ پاكلىنىش مۇددىتىنىڭ توشۇپ، ھەرقايسىسى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنىدىغان كۈننى مەلۇم قىلىپ قويدى.

پاۋلۇسنىڭ مەركىزىي ئىبادەتخانىدا تۇتقۇن قىلىنىشى

27يەتتە كۈنلۈك مۇددەت توشۇشقا ئاز قالغاندا، ئاسىيا ئۆلكىسىدىن كەلگەن بەزى يەھۇدىيلار پاۋلۇسنى مەركىزىي ئىبادەتخانىدا كۆرۈپ، جامائەتنى قۇترىتىپ، ئۇنىڭغا قول سېلىپ:

28_ ئەي ئىسرائىللار، ياردەمدە بولۇڭلار! بۇ ئادەم ھەممە يەردە خەلقىمىزگە، تەۋرات قانۇنىمىزغا ۋە مەركىزىي ئىبادەتخانىمىزغا قارشى سۆزلەرنى تارقىتىۋاتىدۇ. ئەمدىلىكتە، ئۇ يەھۇدىي ئەمەسلەرنى مەركىزىي ئىبادەتخانىمىزغا باشلاپ كىرىپ، بۇ مۇقەددەس جاينى بۇلغىماقتا! _ دەپ چۇقان كۆتۈردى. 29(ئۇلارنىڭ بۇنداق دېيىشىنىڭ سەۋەبى، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇلار يەھۇدىي ئەمەس ئەفەسلىك تروفىمنى پاۋلۇس بىلەن بىللە شەھەردە كۆرۈپ، پاۋلۇس ئۇنى مەركىزىي ئىبادەتخانىغا باشلاپ كىردى، دەپ خاتا ئويلىغانىدى.)

30شۇنىڭ بىلەن، پۈتۈن شەھەر تەۋرەپ كەتتى. تەرەپ-تەرەپتىن يۈگۈرۈپ كەلگەن خالايىق پاۋلۇسنى تۇتۇپ، مەركىزىي ئىبادەتخانىدىن سۆرەپ ئېلىپ چىقتى. ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرى ئىبادەتخانىدا قالايمىقانچىلىق چىقمىسۇن دەپ، ئىبادەتخانىنىڭ دەرۋازىلىرىنى دەرھال تاقىۋەتتى. 31توپىلاڭچىلار پاۋلۇسنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولۇپ تۇرغاندا، پۈتۈن يېرۇسالېمنىڭ قالايمىقانچىلىق ئىچىدە قالغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر ئۇ يەردە تۇرۇشلۇق رىم لەشكەرلىرىنىڭ قوماندانىغا يېتىپ باردى. 32قوماندان دەرھال لەشكەر ۋە بىرقانچە يۈزبېشىنى ئېلىپ، توپىلاڭ بولۇۋاتقان يەرگە يۈگۈرۈپ كەلدى. ئۇلارنى كۆرگەن خالايىق پاۋلۇسنى ئۇرۇشنى توختاتتى. 33قوماندان ئالدىغا ئۆتۈپ، لەشكەرلەرنى پاۋلۇسنى تۇتۇپ، ئىككى زەنجىر بىلەن باغلاشقا بۇيرۇدى. كېيىن، ئۇ:

_ بۇ ئادەم كىم؟ ئۇ نېمە گۇناھ قىلدى؟ _ دەپ سورىدى.

34توپىلاڭچىلارنىڭ ئىچىدە بەزىلەر ئۇنى دېسە، بەزىلەر بۇنى دېيىشىپ، قالايمىقانچىلىق بولۇپ كەتتى. شۇڭا، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېنىقلاشقا ئامالسىز قالغان قوماندان ئاخىر پاۋلۇسنى ياندىكى قەلئەگە ئېلىپ كېتىشنى بۇيرۇدى. 35پاۋلۇس قەلئەنىڭ پەلەمپىيىگە كەلگەندە، توپىلاڭچىلار تېخىمۇ زوراۋانلىشىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن، لەشكەرلەر ئۇنى قەلئەگە كۆتۈرۈپ ئەكېتىشكە مەجبۇر بولدى. 36ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭغان خالايىق:

_ ئۇنى ئۆلتۈرۈڭلار! _ دەپ ۋارقىرىشاتتى.

پاۋلۇسنىڭ ئۆزىنى ئاقلىشى

37لەشكەرلەر پاۋلۇسنى قەلئەگە ئەكىرىپ كېتىشكە ئاز قالغاندا، پاۋلۇس گرېك تىلىدا قومانداندىن:

_ بىر ئېغىز سۆزۈم بار ئىدى، ئېيتسام بولامدىكىن؟ _ دەپ سورىدى.

_ گرېكچە بىلىدىكەنسەن! 38ئۇنداقتا، ئىلگىرى قالايمىقانچىلىق چىقىرىپ، خەنجەرلىك تۆت مىڭ توپىلاڭچىنى باشلاپ چۆلگە قېچىپ كەتكەن ھېلىقى مىسىرلىق سەن ئوخشىمامسەن؟ _ دەپ سورىدى قوماندان.

39_ ياق! مەن يەھۇدىي! كىلىكىيە ئۆلكىسىنىڭ تارسۇس شەھىرىدە تۇغۇلغان. شۇ مۇھىم شەھەرنىڭ پۇقراسىمەن. خالايىققا بىرنەچچە ئېغىز سۆز قىلىشىمغا ئىجازەت قىلسىڭىز! _ دېدى پاۋلۇس.

40قوماندان ئىجازەت قىلدى. پاۋلۇس پەلەمپەيدە تۇرۇپ، خالايىققا قول ئىشارىتى قىلدى. كۆپچىلىك تىنچىغاندا، ئۇ ئارامىي تىلىدا سۆزلەشكە باشلىدى.



*23بۇ كىشىلەر ئۆزلىرىنى خۇداغا ۋاقىتلىق ئاتىغانلار بولۇپ، ئۇلار ھاراق ئىچىشتىن ساقلىناتتى، چاچلىرىنى ئۇزۇن قويۇۋېتەتتى. ۋاقىت توشقاندىن كېيىن، خۇداغا قۇربانلىق قىلىپ چاچلىرىنى كەستۈرۈۋېتەتتى.



 

22

1_ ھۆرمەتلىك يەھۇدىي ئاتىلار ۋە ئاكا-ئۇكىلار! ئەمدى ئۆزۈمنى ئاقلايدىغان سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار، _ دېدى پاۋلۇس.

2ئۇلار پاۋلۇسنىڭ ئارامىي تىلىدا سۆزلىگىنىنى ئاڭلاپ، تېخىمۇ جىم بولۇشتى. پاۋلۇس سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:

3_ مەنمۇ بىر يەھۇدىي، كىلىكىيە ئۆلكىسىنىڭ تارسۇس شەھىرىدە تۇغۇلدۇم، لېكىن يېرۇسالېمدا چوڭ بولدۇم. داڭلىق تەۋرات ئۇستازى غامالىيىلدىن تەلىم ئېلىپ، ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان تەۋرات قانۇنىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ كەلدىم. سىلەرگە ئوخشاش، خۇدا يولىدا پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن قىزغىن ئىشلىگەنىدىم. 4ھەزرىتى ئەيسا يولىدا ماڭغانلارغا زىيانكەشلىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولدۇم. ھەزرىتى ئەيساغا ئەگەشكەنلەرنى ئەر-ئايال دېمەي تۇتۇپ، زىندانغا تاشلاتتىم. 5بۇ توغرۇلۇق باش روھانىي ۋە پۈتۈن ئالىي كېڭەشمە مېنىڭ سۆزلىرىمنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. مەن ئۇلاردىن دەمەشقتىكى يەھۇدىي باشلىقلارغا يېزىلغان خەتلەرنى ئېلىپ، ئۇ يەردىكى ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى جازالاش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا كىشەنلەپ ئېلىپ كېلىش نىيىتىدە يولغا چىققانىدىم. 6چۈشكە يېقىن، دەمەشققە يېتىپ كېلىشكە ئاز قالغىنىمدا، توساتتىن ئاسماندىن كۈچلۈك بىر نۇر چۈشۈپ، ئەتراپىمنى يورۇتۇۋەتتى. 7يەرگە يىقىلدىم. ئاندىن، «سائۇل، سائۇل ماڭا نېمىشقا زىيانكەشلىك قىلىسەن؟» دېگەن ئاۋازنى ئاڭلىدىم. 8«ئى رەببىم، سەن كىمسەن؟» دەپ سورىسام، ئۇ، «مەن سەن زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان ناسىرەلىك ئەيسا!» دېدى. 9مەن بىلەن بىللە كېتىۋاتقانلار ئۇ نۇرنى كۆرگەن بولسىمۇ، لېكىن ماڭا قىلغان سۆزلەرنى چۈشەنمەپتۇ. 10مەن يەنە، «ئى رەببىم، مەن نېمە قىلاي؟» دەپ سورىسام، ئۇ ماڭا، «ئورنۇڭدىن تۇر، دەمەشققە كىر، خۇدا ساڭا تاپشۇرغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇ يەردە ئۇقىسەن!» دېدى. 11ھېلىقى كۈچلۈك نۇردىن كۆزلىرىم كۆرمەس بولۇپ قالدى. شۇڭا، يېنىمدىكىلەر قولۇمدىن يېتەكلەپ، دەمەشققە ئېلىپ كىردى.

12ئۇ يەردە ھانانىيا ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى. ئۇ خۇداغا ئىخلاسمەن، تەۋرات قانۇنىمىزغا قاتتىق ئەمەل قىلىدىغان كىشى بولۇپ، دەمەشقتىكى پۈتۈن يەھۇدىيلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر ئىدى. 13ئۇ كېلىپ، يېنىمدا تۇرۇپ: «قېرىندىشىم سائۇل، كۆزلىرىڭ ئەسلىگە كەلسۇن!» دېدى. شۇئان كۆزلىرىم ئەسلىگە كېلىپ، ئۇنى كۆردۈم. 14ئۇ ماڭا: «ئەجدادلىرىمىز ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا سېنى ئۆزىنىڭ ئىرادىسىنى بىلىشىڭگە تاللىدى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئادىل خىزمەتكارى بولغان ھەزرىتى ئەيسانى كۆرۈشۈڭ ۋە ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىققان سۆزلەرنى ئاڭلىشىڭ ئۈچۈن سېنى تاللىدى. 15چۈنكى، سەن كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىڭنى پۈتۈن ئىنسانلارغا يەتكۈزىسەن! 16شۇنداق ئىكەن، سەن يەنە نېمىنى ساقلاپ تۇرىسەن؟ ئورنۇڭدىن تۇرۇپ چۆمۈلدۈرۈلگىن ۋە رەببىمىزگە دۇئا قىلىپ، گۇناھلىرىڭدىن پاكلان!» دېدى.

17كېيىن، يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدىم. مەركىزىي ئىبادەتخانىدا دۇئا قىلىۋاتقىنىمدا، كۆزۈمگە بىر غايىبانە ئالامەت كۆرۈندى. 18بۇ ئالامەتتە مەن رەببىم ئەيسانى كۆردۈم. ئۇ ماڭا، «يېرۇسالېمدىن دەرھال كەت. چۈنكى، بۇ يەرنىڭ ئادەملىرى سېنىڭ ماڭا قىلغان گۇۋاھلىقىڭنى قوبۇل قىلمايدۇ!» دېدى. 19مەن، «ئى رەببىم، ئۇلار مېنىڭ ھەممە يەردە ئىبادەتخانىلارغا كىرىپ، ساڭا ئېتىقاد قىلغانلارنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇرغانلىقىمنى بىلىدۇ. 20خەلقنى ساڭا ئېتىقاد قىلىشقا دەۋەت قىلغان ئىستىپان ئۆلتۈرۈلگەندە، مەنمۇ شۇ يەردە ئىدىم! ئۇنى ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ كىيىملىرىنى ساقلاپ، قىلمىشلىرىغا قوشۇلغانىدىم! مەن بۇ يەردە تۇرسام، ئۇلار مېنىڭ گېپىمگە چوقۇم ئىشىنىدۇ» دېدىم. 21بىراق، رەببىم ئەيسا ماڭا يەنە، «يېرۇسالېمدىن چىقىپ كەت! سېنى يىراق جايلارغا، يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتىمەن!» دېدى.

22پاۋلۇسنىڭ سۆزلىرىگە باشتىن-ئاياغ قۇلاق سېلىۋاتقان خالايىق ئۇنىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەر ھەققىدىكى سۆزىنى ئاڭلاش بىلەنلا:

_ ئۇنى يوقىتىش كېرەك! ئۆلتۈرۈش كېرەك! ئۇ ئۆلۈشكە تېگىشلىك! _ دەپ چۇقان سېلىشتى. 23ئۇلار بىر تەرەپتىن چۇقان سېلىپ، بىر تەرەپتىن كىيىملىرىنى پۇلاڭلىتىپ، توپا سورۇپ، چاڭ چىقىرىۋەتتى. 24رىم قوماندانى پاۋلۇسنى قەلئەگە ئەكىرىپ كېتىشكە ئەمر قىلدى ۋە خالايىقنىڭ ئۇنىڭغا نېمە ئۈچۈن بۇنداق چۇقان سالىدىغانلىقىنى تەكشۈرمەكچى بولۇپ، لەشكەرلىرىگە ئۇنى قامچىلاپ سوراق قىلىشنى بۇيرۇدى. 25ئۇلار پاۋلۇسنى تۈۋرۈككە باغلاپ قامچىلىماقچى بولغاندا، پاۋلۇس يېنىدا تۇرغان يۈزبېشىغا:

_ بىر رىم پۇقراسىنى سوتلىمايلا قامچىلىشىڭلار قانۇنغا ئۇيغۇنمۇ؟ _ دېدى.

26بۇ سۆزنى ئاڭلىغان يۈزبېشى قومانداننىڭ ئالدىغا بېرىپ:

_ ئۇ كىشى رىم پۇقراسى ئىكەن. سىز نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلمەمسىز؟! _ دېدى.

27قوماندان پاۋلۇسنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭدىن:

_ ئېيتقىن، سەن راستتىنلا رىم پۇقراسىمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

_ راست، _ دەپ جاۋاب بەردى پاۋلۇس.

28_ مەن نۇرغۇن پۇل خەجلەپ، ئاران پۇقرالىق سالاھىيىتىگە ئىگە بولدۇم، _ دېدى قوماندان.

پاۋلۇس:

_ مەن تۇغۇلۇشۇمدىن شۇنداق! _ دېدى.

29شۇنىڭ بىلەن، پاۋلۇسنى سوراققا تارتماقچى بولغان لەشكەرلەر دەرھال ئۆزىنى چەتكە ئالدى. ئۇنى باغلاتقان قوماندانمۇ ئۇنىڭ رىم پۇقراسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ، قورقۇپ كەتتى. چۈنكى، ئۇ بىر رىم پۇقراسىنى قانۇنسىز ھالدا باغلاپ، قامچىلاشقا ئەمر قىلغانىدى.

پاۋلۇسنىڭ ئالىي كېڭەشمىدە ئۆزىنى ئاقلىشى

30قوماندان يەھۇدىيلارنىڭ پاۋلۇسنىڭ ئۈستىدىن قىلغان شىكايىتىنىڭ سەۋەبىنى ھەقىقىي بىلىش ئۈچۈن، ئەتىسى ئۇنى يېشىۋېتىپ، ئالىي روھانىيلار ۋە پۈتۈن يەھۇدىي ئالىي كېڭەشمىسىدىكىلەرنىڭ بىر يەرگە يىغىلىشىنى بۇيرۇدى. ئاندىن، پاۋلۇسنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا تۇرغۇزدى. 




23

1پاۋلۇس ئالىي كېڭەشمە ھەيئەتلىرىگە تىكىلىپ تۇرۇپ:

_ قېرىنداشلار، مەن بۈگۈنگىچە خۇدانىڭ ئالدىدا پاك ۋىجدانىم بىلەن ياشاپ كەلدىم، _ دېدى.

2بۇنى ئاڭلىغان باش روھانىي ھانانىيا پاۋلۇسنىڭ يېنىدا تۇرغانلارغا ئۇنىڭ ئاغزىغا ئۇرۇشنى بۇيرۇدى. 3پاۋلۇس ئۇنىڭغا:

_ ئەي تېشى پال-پال ساختىپەز! سېنى خۇدا ئۇرىدۇ! سەن ئۇ يەردە ئولتۇرۇپ، مېنى تەۋرات قانۇنى بويىچە سوراققا تارتماقچى، لېكىن مېنى ئۇرغۇزۇپ، ئۆزۈڭ تەۋرات قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىۋاتىسەن! _ دېدى.

4_ سەن خۇدانىڭ باش روھانىيسىغا ھاقارەت كەلتۈرۈۋاتامسەن؟! _ دېيىشتى يېنىدا تۇرغانلار. 5پاۋلۇس:

_ مېنى كەچۈرۈڭلار! مەن ئۇنىڭ باش روھانىي ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولسام، ئۇنداق دېمەيتتىم. چۈنكى تەۋراتتا: «خەلقىڭنى ئىدارە قىلىدىغان باشلىققا تۆھمەت قىلما!» دېيىلگەن، _ دېدى.

6پاۋلۇس بۇ بىر توپ كىشىلەرنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى سادۇقىي دىنىي ئېقىمىدىكىلەر، يەنە بەزىلىرى پەرىسىي دىنىي ئېقىمىدىكىلەر ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇلارنى تالاش-تارتىشقا سېلىش ئۈچۈن، ئالىي كېڭەشمىدە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن:

_ قېرىنداشلار، مەن بولسام پەرىسىيلەردىن بولىمەن ۋە بىر پەرىسىينىڭ ئوغلىمەن. مەن ئۆلگەنلەرنىڭ قايتا تىرىلىشىنى ئۈمىد قىلغانلىقىم ئۈچۈنلا بۈگۈن بۇ يەردە سوراققا تارتىلىۋاتىمەن! _ دەپ ۋارقىرىدى.

7بۇ سۆز ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىقىشى بىلەن تەڭ، پەرىسىيلەر بىلەن سادۇقىيلار تالاش-تارتىش قىلىشىپ كەتتى. كېڭەشمىدىكىلەر ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى. 8چۈنكى، سادۇقىيلار ئۆلگەنلەرنىڭ قايتا تىرىلىشىگە، پەرىشتە ۋە روھلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئىشەنمەيدۇ. لېكىن، پەرىسىيلەر بۇلارغا ئىشىنىدۇ. 9بۇنىڭ بىلەن، چۇقان-سۈرەن بارغانسېرى كۈچەيدى. پەرىسىي ئېقىمىدىكى بەزى تەۋرات ئۇستازلىرى ئورنىدىن تۇرۇپ:

_ بىز بۇ ئادەمدىن ھېچقانداق خاتالىق تاپالمىدۇق! ئېھتىمال راستتىن بىر روھ ياكى پەرىشتە ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشكەن بولسا ئەجەب ئەمەس! _ دەپ، قاتتىق مۇنازىرىلەشتى.

10تالاش-تارتىش ئەۋج ئېلىپ كەتتى. يەھۇدىيلارنىڭ پاۋلۇسنى تارتىپ پارچە-پارچە قىلىۋېتىشتىن قورقۇپ قالغان قوماندان لەشكەرلىرىنىڭ زالغا كىرىپ، كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىن پاۋلۇسنى زورلۇق بىلەن تارتىپ چىقىپ، قەلئەگە ئەكىرىپ كېتىشىنى بۇيرۇدى.

11شۇ كۈنى كېچىسى، رەببىمىز ئەيسا پاۋلۇسنىڭ يېنىدا تۇرۇپ:

_ غەيرەتلىك بول! سەن يېرۇسالېمدا مەن ئۈچۈن گۇۋاھلىق بەرگىنىڭدەك، ئەمدى رىم شەھىرىدىمۇ شۇنداق قىلىشىڭ كېرەك! _ دېدى.

پاۋلۇسنى ئۆلتۈرۈش سۇيىقەستى

12ئەتىسى ئەتىگەندە، بەزى يەھۇدىيلار مەخپىي سۇيىقەست پىلانلاپ، پاۋلۇسنى ئۆلتۈرمىگۈچە ھېچ نەرسە يېمەيمىز، ئىچمەيمىز، دەپ قەسەم قىلىشتى. 13بۇ سۇيىقەستنى پىلانلىغۇچىلار قىرىق نەچچە كىشى ئىدى. 14ئۇلار ئالىي روھانىيلار ۋە يەھۇدىي ئاقساقاللارنىڭ ئالدىغا بېرىپ:

_ بىز پاۋلۇسنى ئۆلتۈرمىگۈچە ھېچ نەرسە يېمەيمىز، دەپ قاتتىق قەسەم قىلدۇق. 15ھازىر سىلەر ۋە ئالىي كېڭەشمە پاۋلۇسنىڭ ئىشلىرىنى تېخىمۇ تەپسىلىي تەكشۈرۈش باھانىسى بىلەن ئۇنى كېڭەشمىگە ئېلىپ كېلىشنى رىم قوماندانىدىن تەلەپ قىلىڭلار. بىز تەييار تۇرۇپ، ئۇنى كېڭەشمىگە ئېلىپ كېلىنىشتىن ئىلگىرىلا جايلىۋېتىمىز، _ دېدى.

16بىراق، بۇ سۇيىقەستتىن خەۋەر تاپقان پاۋلۇسنىڭ سىڭلىسىنىڭ ئوغلى دەرھال قەلئەگە كىرىپ، پاۋلۇسقا خەۋەر قىلىپ قويدى. 17بۇنىڭ بىلەن، پاۋلۇس يۈزبېشىلىرىدىن بىرىنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭغا:

_ بۇ ياشنى قوماندان بىلەن كۆرۈشتۈرۈپ قويسىڭىز. ئۇنىڭ قوماندانغا مەلۇم قىلىدىغان ئىشى بار ئىكەن، _ دېدى.

18يۈزبېشى بۇ ياشنى قومانداننىڭ ئالدىغا باشلاپ كىرىپ:

_ مەھبۇس پاۋلۇس مېنى چاقىرتىپ، بۇ ياشنى سىز بىلەن كۆرۈشتۈرۈپ قويۇشۇمنى تەلەپ قىلدى. چۈنكى، ئۇنىڭ سىزگە مەلۇم قىلىدىغان ئىشى بار ئىكەن، _ دېدى.

19قوماندان ئۇنى قولىدىن تۇتۇپ، بىر چەتكە تارتىپ:

_ مەلۇم قىلىدىغان نېمە ئىشىڭ بار؟ _ دەپ سورىدى.

20ئۇ جاۋابەن مۇنداق دېدى:

_ يەھۇدىي ئاقساقاللار پاۋلۇسنىڭ ئىشلىرىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈش باھانىسى بىلەن ئۆزلىرىدىن ئەتە ئۇنى يەھۇدىي ئالىي كېڭەشمىسىگە ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا كېلىشتى. 21ئۇلارغا ماقۇل بولمىغايسىز، چۈنكى قىرىق نەچچە ئادەم ئۇنى يوشۇرۇن كۈتۈپ تۇرىدۇ. ئۇلار پاۋلۇسنى ئۆلتۈرمىگۈچە ھېچ نەرسە يېمەيمىز، ئىچمەيمىز، دەپ قەسەم قىلىشىپتۇ. ھازىر ئۆزلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ تەلىپىگە قوشۇلۇشلىرىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ.

22قوماندان ئۇنىڭغا:

_ بۇ ئىشنى ماڭا مەلۇم قىلغانلىقىڭنى ھېچكىم ئۇقمىسۇن! _ دەپ تاپىلاپ، ئۇنى قايتۇردى.

پاۋلۇسنىڭ ۋالىي فېلىكسكە تاپشۇرۇلۇشى

23قوماندان يۈزبېشىدىن ئىككىنى چاقىرتىپ:

_ ئىككى يۈز پىيادە لەشكەر، يەتمىش ئاتلىق لەشكەر ۋە ئىككى يۈز نەيزىۋاز لەشكەر ھازىرلاپ، بۈگۈن كېچە سائەت توققۇزدا قەيسەرىيە شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقىڭلار! 24شۇنىڭ بىلەن بىللە، پاۋلۇسنى ۋالىي فېلىكسنىڭ يېنىغا ساق-سالامەت يەتكۈزۈش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئۇلاغ تەييارلاڭلار! _ دەپ بۇيرۇدى.

25قوماندان لىسىياس پاۋلۇس ھەققىدە فېلىكسكە يەنە مۇنداق بىر خەت يازدى:

26«ھۆرمەتلىك ۋالىي فېلىكس جانابلىرىغا كلاۋدىيۇس لىسىياستىن ئېھتىرام بىلەن سالام!

27مەقسەتكە كەلسەم، بۇ كىشىنى يەھۇدىيلار تۇتۇۋالغان بولۇپ، ئۆلتۈرمەكچى بولغانىدى. لېكىن، ئۇنىڭ رىم پۇقراسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ قېلىپ، لەشكەر باشلاپ بېرىپ ئۇنى قۇتقۇزدۇم. 28مەن ئۇلارنىڭ بۇ كىشى ئۈستىدىن قىلغان شىكايىتىنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىماقچى بولۇپ، ئۇنى يەھۇدىيلارنىڭ ئالىي كېڭەشمىسىگە ئېلىپ باردىم. 29نەتىجىدە، مەن ئۇلارنىڭ ئۇنىڭ ئۈستىدىن قىلغان شىكايىتىنىڭ دىنىي قانۇنىغا دائىر مەسىلىلەردىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. ئۇنىڭدىن ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە ياكى زىندانغا تاشلاشقا لايىق بىرەر جىنايەت تاپالمىدىم. 30كېيىن، مەن بەزى يەھۇدىيلارنىڭ ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىش قەستىدە بولۇۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، دەرھال ئۇنى جانابلىرىغا يوللاشنى توغرا تاپتىم. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەرز قىلغۇچىلارنىڭ شىكايەتلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئالدىدا قىلىشىنى بۇيرۇدۇم.»

31لەشكەرلەر بۇيرۇق بويىچە پاۋلۇسنى كېچىلەپ ئانتىپاترىس شەھىرىگە يەتكۈزدى. 32ئەتىسى، پاۋلۇس ئاتلىق لەشكەرلەرنىڭ ئېلىپ بېرىشىغا تاپشۇرۇلدى. پىيادە لەشكەرلەر بولسا يېرۇسالېمدىكى قەلئەگە قايتىپ كەلدى. 33ئاتلىقلار قەيسەرىيىگە بېرىپ، خەتنى ۋالىيغا سۇندى ۋە پاۋلۇسنىمۇ تاپشۇردى. 34ۋالىي خەتنى ئوقۇغاندىن كېيىن، پاۋلۇسنىڭ قايسى ئۆلكىدىن ئىكەنلىكىنى سوراپ، ئۇنىڭ ئۆز باشقۇرۇشىدىكى كىلىكىيىدىن كەلگەنلىكىنى بىلىپ، 35ئۇنىڭغا:

_ سېنى ئۈستۈڭدىن ئەرز قىلغۇچىلار كەلگەندە بىر تەرەپ قىلىمەن، _ دېدى ۋە لەشكەرلەرگە ئۇنى ھىرود خان سالغان ئوردىدىكى بىر ئۆيگە نەزەربەند قىلىپ قويۇشنى بۇيرۇدى. 




24

يەھۇدىيلارنىڭ پاۋلۇس ئۈستىدىن شىكايەت قىلىشى

1بەش كۈندىن كېيىن، باش روھانىي ھانانىيا ۋە ئاقساقاللاردىن بىرنەچچەيلەن تەرتۇلۇس ئىسىملىك بىر ئادۋوكات بىلەن قەيسەرىيىگە كېلىپ، پاۋلۇس توغرىسىدىكى شىكايەتلىرىنى ۋالىي فېلىكسكە سۇندى. 2پاۋلۇس چاقىرتىلدى. تەرتۇلۇس ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ مۇنداق دېدى:

_ ھۆرمەتلىك فېلىكس جانابلىرى! بىز ئۆزلىرىنىڭ قولى ئاستىدا ئۇزۇندىن بۇيان ئامان-ئېسەن ياشاپ كەلمەكتىمىز، خەلقىمىزدە ناچار ئىللەتلەر تۈگىتىلىپ، چوڭ ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. 3بۇنىڭدىن ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا چەكسىز مىننەتدارمىز. 4مەنكى تەرتۇلۇس ئۆزلىرىنى ئارتۇقچە ئاۋارە قىلىشنى خالىمايمەن. قىسقىغىنا ئەرزلىرىمىزنى سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلاشلىرىنى ئۆتۈنۈپ سورايمەن. 5بىز شۇنى تونۇپ يەتتۇقكى، بۇ جېدەلخور پۈتۈن دۇنيادىكى يەھۇدىيلار ئارىسىدا قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىپ، ئۇلارنى رىم ھاكىمىيىتىگە قارشى چىقىشقا كۈشكۈرتۈۋاتقان بۆلگۈنچى ۋە شۇنداقلا «ناسىرەلىكلەر» دەپ ئاتالغان بىر گۇرۇھنىڭ كاتتىۋاشلىرىدىن بىرىدۇر. 67ئۇ بىزنىڭ مەركىزىي ئىبادەتخانىمىزنىمۇ بۇلغىماقچى بولغانىدى. شۇڭا، بىز ئۇنى تۇتۇۋالدۇق. 8ئۇنى سوراق قىلىپ كۆرسىلە، بىزنىڭ ئەرزلىرىمىزنىڭ توغرىلىقىنى چۈشىنەلەيدىلا!

9سورۇندا بولغان يەھۇدىيلارمۇ بىر ئېغىزدىن شىكايەت قىلىشىپ، ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىنى تەستىقلاشتى.

پاۋلۇسنىڭ ئۆزىنى ئاقلىشى

10پاۋلۇس ۋالىي فېلىكسنىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن، سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:

_ جانابلىرىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى يەھۇدىي خەلقىنى سوراپ كەلگەنلىكىدىن خەۋىرىم بار. شۇڭا، ئالدىلىرىدا ئۆزۈمنى ئاقلاشقا رازىمەن. 11ئاسانلا بىلەلەيدىلىكى، مەن يېرۇسالېمغا ئىبادەت قىلىشقا بارغىنىمدىن ھازىرغىچە پەقەت ئون ئىككى كۈنلا ئۆتتى. 12مېنىڭ مەركىزىي ئىبادەتخانىدا بىرەر ئادەم بىلەن تالاش-تارتىش قىلغانلىقىمنى كۆرگەن كىشى يوق ۋە مېنىڭ باشقا ئىبادەتخانىلاردا ياكى شەھەرنىڭ باشقا جايلىرىدا ئاممىنى قۇتراتقانلىقىمنىمۇ كۆرگەن كىشى يوق. 13ئۇلار جانابلىرىغا مېنىڭ ئۈستۈمدىن قىلغان شىكايەتلىرىگە ئىسپات كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ.

14بىراق بىرلا ئىشنى ئېتىراپ قىلىمەنكى: مەن يەھۇدىيلار خاتا ئېقىم دەپ قارىغان ھەزرىتى ئەيسا يولى بىلەن مېڭىپ، ئەجدادلىرىمىز ئەزەلدىن ئېتىقاد قىلغان خۇداغا ئىبادەت قىلىمەن. تەۋراتتا ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدا يېزىلغانلارنىڭمۇ ھەممىسىگە ئىشىنىمەن. 15مۇشۇ يەھۇدىيلارغا ئوخشاش، مەنمۇ پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ياخشى-يامان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسىنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن سوراق قىلىنىش ئۈچۈن قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. 16شۇ سەۋەبتىن، ئۆزۈم ھەمىشە خۇدا ئالدىدىمۇ، ئىنسانلار ئالدىدىمۇ پاك ۋىجدانلىق بولۇشقا تىرىشىمەن. 17مەن يېرۇسالېمدىن ئايرىلغىلى خېلى يىللار بولغان بولۇپ، بۇ قېتىم ئۇ يەرگە يەھۇدىي قېرىنداشلىرىمغا ياردەم پۇلى يەتكۈزۈپ بەرگىلى ۋە خۇداغا قۇربانلىق قىلغىلى بارغانىدىم. 18ئۈستۈمدىن شىكايەت قىلغان يەھۇدىيلار مېنى مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىسىدا ئۇچراتقىنىدا، مەن تازىلىنىش دىنىي قائىدىسىدىن ئۆتۈپ سەدىقەمنى سۇنۇۋاتاتتىم، ئەتراپىمغا ئادەم توپلىغىنىممۇ يوق. قالايمىقانچىلىق چىقارغىنىممۇ يوق. 19ئاسىيا ئۆلكىسىلىك ئاشۇ يەھۇدىيلارنىڭ مېنىڭ ئۈستۈمدىن شىكايەتلىرى بولسا، ئەسلى ئۇلار ئۆزلىرى كېلىپ، جانابلىرىنىڭ ئالدىدا دېيىشى كېرەك ئىدى. 20بولمىسا، قېنى مۇشۇ سورۇندىكىلەر يېرۇسالېمدىكى يەھۇدىي ئالىي كېڭەشمىسىدە سوراق قىلىنغان ۋاقتىمدا، مېنىڭدىن قانداق جىنايەت تېپىلغانلىقىنى ئېيتىپ باقسۇن. 21پەقەت شۇنى ئېتىراپ قىلىمەنكى، يەھۇدىي ئالىي كېڭەشمىسىدە سوراق قىلىنغان ۋاقتىمدا، «بۈگۈن ئۆلگەنلەرنىڭ قايتا تىرىلىشىگە ئىشەنگەنلىكىم ئۈچۈنلا سىلەرنىڭ سورىقىڭلارغا تارتىلىۋاتىمەن!» دەپ ۋارقىرىغانىدىم. بۇنىڭدا نېمە گۇناھ بار؟!

22رەببىمىزنىڭ يولىغا نىسبەتەن خېلى بىلىمى بولغان فېلىكس سوراقنى توختىتىپ، ئۇلارغا:

_ دەۋايىڭلار توغرىسىدىكى ھۆكۈمنى قوماندان لىسىياس كەلگەندە چىقىرىمەن، _ دېدى.

23ئۇ يۈزبېشىغا پاۋلۇسنى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇشنى، لېكىن ئۇنىڭغا بىرئاز كەڭ مۇئامىلە قىلىپ، دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ ئۇنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىنى تەمىنلەپ تۇرۇشىغا يول قويۇشنى بۇيرۇدى.

پاۋلۇس ۋالىي فېلىكس بىلەن درۇسىلانىڭ ئالدىدا

24بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، ۋالىي فېلىكس يەھۇدىي ئايالى درۇسىلا بىلەن بىللە كېلىپ، پاۋلۇسنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭدىن قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھ ئەيساغا ئېتىقاد قىلىش يولىنى ئاڭلىدى. 25پاۋلۇس خۇدانىڭ ئالدىدا ھەققانىي ياشاش، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، قىيامەت كۈنىدىكى سوئال-سوراق قىلىنىش قاتارلىقلار توغرىسىدا توختالغاندا، ۋەھىمىگە چۈشكەن فېلىكس ئۇنىڭغا:

_ ھازىرچە قايتىپ تۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ. كېيىن ۋاقتىم چىققاندا، يەنە چاقىرتىمەن، _ دېدى.

26ئۇ پاۋلۇسنىڭ پارا بېرىشىنى كۈتەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنى پات-پات چاقىرتىپ، ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشەتتى. 27ئىككى يىلدىن كېيىن، ۋالىي فېلىكسنىڭ ئورنىغا پوركىيۇس فېستۇس ۋالىي بولدى. فېلىكس يەھۇدىيلارغا ياخشى كۆرۈنۈش ئۈچۈن پاۋلۇسنى سولاقتا قالدۇردى. 




25

پاۋلۇسنىڭ ۋالىي فېستۇسنىڭ ئالدىدا سوراق قىلىنىشى

1فېستۇس فېلىكسنىڭ ئورنىغا ۋالىي بولۇپ، يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى قەيسەرىيىگە كېلىپ، ئۈچ كۈندىن كېيىن يېرۇسالېمغا بارغانىدى. 2ئالىي روھانىيلار بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ ئاقساقاللىرى فېستۇسقا پاۋلۇسنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ، ئۇنىڭدىن پاۋلۇسنى 3يېرۇسالېمغا ئەۋەتىپ بېرىشنى ئۆتۈنۈپ سورىدى. چۈنكى، ئۇلار يول ئۈستىدە پاۋلۇسنى ئۆلتۈرۈشنى قەستلىگەنىدى. 4لېكىن، فېستۇس ئۇلارغا:

_ پاۋلۇس ھازىر قەيسەرىيىدە سولاقتا. مەن يېقىندا ئۇ يەرگە قايتىپ كېتىمەن. 5سىلەرنىڭ ئاقساقاللىرىڭلار مەن بىلەن بىللە بارسۇن. ئەگەر ئۇنىڭ بىرەر قانۇنسىز قىلمىشلىرى بولسا، ئۇلار شۇ يەردە شىكايەت قىلسا بولىدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى.

6فېستۇس ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئون كۈنچە تۇرۇپ، قەيسەرىيىگە قايتىپ كەلدى. ئەتىسى سوت ئېچىپ، پاۋلۇسنى سوت مەيدانىغا ئېلىپ كېلىشنى بۇيرۇدى. 7پاۋلۇس كىرگەندىن كېيىن، يېرۇسالېمدىن كەلگەن يەھۇدىيلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ، ئۇنىڭغا نۇرغۇن ئېغىر جىنايەتلەرنى ئارتىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلدى. بىراق، ھېچقايسىسىغا ئىسپات كۆرسىتىپ بېرەلمىدى. 8شۇنىڭ بىلەن، پاۋلۇس ئۆزىنى ئاقلاپ:

_ مەن يەھۇدىيلارنىڭ قانۇنىغا، مەركىزىي ئىبادەتخانىسىغا ياكى رىم ئىمپېراتورىغا قارشى ھېچقانداق جىنايەت ئۆتكۈزمىدىم، _ دېدى.

9لېكىن، فېستۇس يەھۇدىيلارغا ياخشى كۆرۈنۈش ئۈچۈن، پاۋلۇستىن:

_ سېنى يېرۇسالېمغا ئاپىرىپ، ئۇ يەردە بۇ شىكايەتلەرگە ئاساسەن سوتلىسام قانداق؟ _ دەپ سورىدى.

10_ بولمايدۇ! _ دەپ جاۋاب بەردى پاۋلۇس، _ مەن ھازىر رىم ئىمپېراتورى قەيسەرنىڭ ھوقۇقى بىلەن تەيىنلەنگەن سوراقچى ئالدىدا تۇرىمەن. مېنى سوراق قىلىشقا تېگىشلىك يەر مانا مۇشۇ. ئۆزىڭىزگە مەلۇم، مەن يەھۇدىيلارغا قارشى ھېچقانداق جىنايەت ئۆتكۈزمىدىم. 11ئەگەر جىنايىتىم بولسا ۋە ئۆلۈمگە لايىق بىرەر ئىش قىلغان بولسام، مېنى جازالىماڭ، دەپ تەلەپ قىلمىغان بولاتتىم. ئۇلارنىڭ مېنىڭ ئۈستۈمدىن قىلغان شىكايەتلىرى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھېچكىمنىڭ مېنى ئۇلارغا تاپشۇرۇپ بېرىشكە ھەققى يوق. مەن رىم ئىمپېراتورىغا ئەرز قىلىمەن! ئۆزى مېنى سوراق قىلسۇن!

12ۋالىي فېستۇس مەسلىھەتچىلىرى بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، پاۋلۇسقا:

_ سەن رىم ئىمپېراتورى قەيسەرنىڭ سوراق قىلىشىنى تەلەپ قىلدىڭ. شۇڭا، ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىلىسەن، _ دېدى.

ۋالىي فېستۇسنىڭ ئاگرىپا خانگە پاۋلۇس توغرىسىدا ئېيتقانلىرى

13بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، ئاگرىپا خان بىلەن سىڭلىسى بەرنىكى فېستۇسنىڭ ۋالىيلىق مەنسىپىگە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، قەيسەرىيىگە كەلدى. 14ئۇ يەردە بىرنەچچە كۈن تۇرغاندىن كېيىن، فېستۇس پاۋلۇس توغرىسىدا ئاگرىپاغا مۇنداق دېدى:

_ بۇ يەردە فېلىكس قالدۇرۇپ كەتكەن بىر مەھبۇس بار ئىدى. 15مەن يېرۇسالېمغا بارغىنىمدا، يەھۇدىي ئالىي روھانىيلىرى بىلەن ئاقساقاللىرى ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ، مەندىن ئۇنى جازالاشنى تەلەپ قىلىشتى. 16مەن ئۇلارغا، رىملىقلارنىڭ قانۇنى بويىچە سوراق قىلىنغۇچى ئەرز قىلغۇچى بىلەن يۈزلەشتۈرۈلۈشتىن ۋە ئۇنىڭغا ئۆزىنى ئاقلاش پۇرسىتى بېرىلىشتىن ئىلگىرى، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتىم. 17ئۇلار بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن، مەن ۋاقىتنى كېچىكتۈرمەي، ئەتىسىلا سوراقنى باشلاپ، ئۇ كىشىنى سوراققا ئەكېلىشنى بۇيرۇدۇم. 18ئەرز قىلغۇچىلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىشتى. لېكىن، ئۇلارنىڭ شىكايەتلىرى مېنىڭ ئويلىغىنىمدەك جىنايەت ھەققىدە ئەمەس ئىدى. 19ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ بۇ كىشى بىلەن تالاش-تارتىش قىلىشقىنى ئۆز دىنى ھەققىدىكى مەسىلىلەر ۋە ئەيسا ئىسىملىك بىر كىشى ھەققىدە ئىدى. ئۇ كىشى ئۆلگەن بولۇپ، پاۋلۇس بولسا ئۇ تىرىلدى دەيدىكەن. 20بۇ مەسىلىنى مەن زادى قانداق ئېنىقلاشنى بىلمىدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەن پاۋلۇستىن يېرۇسالېمغا بېرىپ، ئۇ يەردە بۇ شىكايەتلەرگە ئاساسەن سوراققا تارتىلىشقا رازى بولۇش-بولماسلىقىنى سورىغانىدىم. 21ھالبۇكى، پاۋلۇس رىمدا، رىم ئىمپېراتورىنىڭ ئالدىدا سوراق قىلىنىشنى تەلەپ قىلدى. شۇڭا، مەن ئۇنى ئىمپېراتورىنىڭ ئالدىغا ئەۋەتكەنگە قەدەر، سولاقتا تۇتۇپ تۇرۇشنى بۇيرۇدۇم.

22ئاگرىپا فېستۇسقا:

_ مەنمۇ بۇ كىشىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ باقاي، _ دېدى.

_ ئەتە ئاڭلايسىز، _ دېدى فېستۇس.

23ئەتىسى، ئاگرىپا بىلەن بەرنىكى ھەيۋەتلىك تەنتەنە بىلەن يىغىن زالىغا كىرىپ كەلدى. ھەرقايسى قوماندان ۋە شەھەر كاتتىۋاشلىرىمۇ ئۇلار بىلەن بىللە كېلىشتى. فېستۇسنىڭ ئەمر بېرىشى بىلەن پاۋلۇس ئېلىپ كىرىلدى.

24ۋالىي فېستۇس مۇنداق دېدى:

_ ئاگرىپا خان ئالىيلىرى ۋە سورۇنغا قاتناشقان جانابلار! بۇ كىشىنى كۆرۈپ تۇرۇپسىلەر. پۈتۈن يەھۇدىيلار بۇ يەردە ۋە يېرۇسالېمدا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى قاتتىق تەلەپ قىلغان كىشى مانا شۇ. 25لېكىن، مەن ئۇنىڭدىن ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە تېگىشلىك بىرەر جىنايەت تاپالمىدىم. ھازىر ئۇ، «مېنى رىم ئىمپېراتورى سوراق قىلسۇن» دەپ ئىلتىماس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇنى رىمغا ئەۋەتىشنى قارار قىلدىم. 26بىراق، بۇ كىشى ھەققىدە مەندە پادىشاھقا مەلۇم قىلغۇدەك ئوچۇق مەلۇمات يوق. شۇڭا، ئەھۋالنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق بىرەر مەلۇماتقا ئىگە بولۇش مەقسىتىدە ئۇنى ھەربىرلىرىنىڭ ئالدىغا، بولۇپمۇ ئاگرىپا خان ئالىيلىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدىم. 27چۈنكى مېنىڭچە، مەھبۇسنى رىمغا ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن قىلىنغان شىكايەتتىن تەپسىلىي مەلۇمات بەرمەسلىك توغرا ئەمەس. 




26

پاۋلۇسنىڭ ئاگرىپا خان ئالدىدا ئۆزىنى ئاقلىشى

1شۇنىڭ بىلەن، ئاگرىپا خان پاۋلۇسقا:

_ ئۆزۈڭنى ئاقلىشىڭغا رۇخسەت، _ دېدى.

پاۋلۇس قولىنى كۆتۈرۈپ ئۆزىنى ئاقلاشقا باشلىدى:

2_ ئى ئاگرىپا خان، بۈگۈن ئالدىلىرىدا يەھۇدىيلار مېنىڭ ئۈستۈمدىن شىكايەت قىلغان پۈتۈن ئىشلاردىن ئۆزۈمنى ئاقلاش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانلىقىم ئۈچۈن، ئۆزۈمنى بەختلىك ھېس قىلىمەن! 3بولۇپمۇ خۇشاللىنارلىق يېرى شۇكى، ئۆزلىرى يەھۇدىيلارنىڭ ئەنئەنىلىرى ۋە تالاش-تارتىش قىلىدىغان مەسىلىلىرىنى ياخشى بىلىدىلا. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەرز-ھالىمنى سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلاپ بېقىشلىرىنى ئۆتۈنىمەن.

4مېنىڭ دەسلەپتە ئۆز يۇرتۇمدا ھەمدە كېيىن يېرۇسالېمدا قانداق ياشاپ كەلگەنلىكىم ھەممە يەھۇدىيلارغا ئايان. 5ئۇلار مېنىڭ ئۇزۇندىن بېرى يەھۇدىي دىنىنىڭ پەرىسىي ناملىق ئەڭ كۈچلۈك ئېقىمىغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىمنى بىلىدۇ. ئەگەر خالىسا، گۇۋاھلىق بېرەلەيدۇ. 6خۇدا ئەجدادلىرىمىزغا ۋەدە قىلغىنىنى ئۈمىد قىلغىنىم ئۈچۈن، ئەمدى بۈگۈن ئۆزلىرىنىڭ ئالدىدا سوتلىنىۋاتىمەن. 7بىزنىڭ خەلقىمىزنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىدىكى پۈتۈن قېرىنداشلارمۇ كېچە-كۈندۈز خۇداغا ئىبادەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئۇلارغا قىلغان دەل مۇشۇ ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈپ كەلدى. ئى خان، يەھۇدىيلارنىڭ مېنىڭ ئۈستۈمدىن شىكايەت قىلىشى دەل مانا شۇ ئۈمىد بىلەن مۇناسىۋەتلىك. 8سىلەر نېمىشقا خۇدانىڭ ئۆلگەنلەرنى تىرىلدۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانسىلەر؟

9بۇرۇن مەنمۇ ناسىرەلىك ئەيسانىڭ نامىغا پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قارشى تۇرۇشۇم كېرەك، دەپ قارايتتىم 10ۋە يېرۇسالېمدا مانا شۇنداق قىلغانىدىم. ئالىي روھانىيلاردىن ئالغان ھوقۇقۇم بىلەن، نۇرغۇن ئېتىقادچىلارنى زىندانغا تۇتۇپ بەرگەن، ئۇلار ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغاندىمۇ، ھۆكۈمگە قوشۇلغانىدىم. 11مەن ھەرقايسى ئىبادەتخانىلاردا ئۇلارنى ئىزدەپ، كۆپ قېتىم ئۇلارنى جازالىتىپ، ئۇلارنى ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاشقا تىرىشقانىدىم. مەن ئۇلارغا شۇ قەدەر ئۆچ ئىدىمكى، ھەتتا باشقا دۆلەتلەردىكى شەھەرلەرگە بېرىپ، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلغان.

12ئى خان، بىر كۈنى ئالىي روھانىيلار بەرگەن ھوقۇق بىلەن، ھەزرىتى ئەيساغا ئەگەشكەنلەرگە زىيانكەشلىك قىلغىلى دەمەشق شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقتىم. 13چۈش ۋاقتىدا يولدا كېتىۋېتىپ، ئاسماندىن چۈشكەن قۇياش نۇرىدىنمۇ كۈچلۈك بىر نۇرنىڭ ئەتراپىمنى ۋە بىللە كېتىۋاتقانلارنى يورۇتۇۋەتكەنلىكىنى كۆردۈم. 14ھەممىمىز يەرگە يىقىلدۇق. مەن ئارامىي تىلىدا ئېيتىلغان، «سائۇل، سائۇل! ماڭا نېمىشقا زىيانكەشلىك قىلىسەن؟ سەن خۇددى خوجايىنى ئۇرسىمۇ ماڭمىغان جاھىل ئېشەككە ئوخشاش، ئۆزۈڭ زىيان تارتىسەن!» دېگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. 15«ئى رەببىم، سەن كىمسەن؟» دەپ سورىدىم مەن. رەببىم ئەيسا جاۋابەن، «مەن، سەن زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان ئەيسا! 16ئورنۇڭدىن تۇر! سېنى ئۆزۈمگە خىزمەت قىلىشقا ھەم گۇۋاھلىق بېرىشكە تاللىغانلىقىم ئۈچۈن، ساڭا كۆرۈندۈم. سەن بۈگۈن مېنىڭدىن كۆرگەن ئىشلارنى ھەم كەلگۈسىدە ساڭا كۆرسىتىدىغان ئىشلىرىمنى باشقىلارغا يەتكۈزىسەن. 17مەن سېنى يەھۇدىيلارنىڭمۇ ۋە يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭمۇ قولىدىن قۇتقۇزىمەن. مەن سېنى يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ يېنىغا ئەۋەتمەكچىمەن. 18سەن قاراڭغۇلۇقتا ياشاۋاتقانلارنىڭ كۆزلىرىنى ئېچىپ، ئۇلارنى زۇلمەتتىن يورۇقلۇققا، شەيتاننىڭ ئىلكىدىن خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا باشلايسەن. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. شۇنداقلا، ئۇلار ماڭا ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق پاك قىلىنغانلارنىڭ ئارىسىدىن ئورۇن ئالىدۇ!» دېدى.

19ئى ئاگرىپا خان، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن خۇدادىن كەلگەن غايىبانە ئالامەتتە كۆرۈنگەن ھەزرىتى ئەيساغا قاتتىق ئىتائەت قىلدىم. 20ئالدى بىلەن دەمەشق خەلقىگە، يېرۇسالېم شەھىرىدىكى يەھۇدىيلارغا، پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى كىشىلەرگە، ئاندىن يەھۇدىي ئەمەسلەرگىمۇ خۇش خەۋەر يەتكۈزدۈم. ئۇلارغا، «يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، خۇدا يولىغا قايتىڭلار! ‹توۋا قىلدۇق!› دېسەڭلار، ئۇنى سۆز بىلەن ئەمەس، ياخشى ئەمەلىيىتىڭلار بىلەن ئىسپاتلاڭلار!» دەپ، ئۇلارنىمۇ توۋا قىلىشقا دەۋەت قىلدىم. 21شۇ سەۋەبتىن، يەھۇدىيلار مېنى مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىسىدا تۇتۇپ، ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولۇشتى. 22بىراق، خۇدا بۈگۈنگىچە ماڭا ياردەم قىلىپ، مېنى قوغدىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۈگۈن بۇ يەردىكى چوڭ-كىچىك ھەممەيلەننىڭ ئالدىدىمۇ ھەزرىتى ئەيساغا گۇۋاھلىق بېرىمەن. مېنىڭ ئېيتقانلىرىم مۇسا ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ كېلىدىغان قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھ ھەققىدە ئالدىن ئېيتقانلىرىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. 23ئۇلار قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھنىڭ جەزمەن ئۆلتۈرۈلۈپ، ھەممىدىن بۇرۇن ئۆلۈمدىن مەڭگۈگە تىرىلدۈرۈلۈپ، ئۆز خەلقى ھەم پۈتكۈل دۇنيا خەلقىگە نىجاتلىق نۇرىنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئالدىن ئېيتقانىدى.

24پاۋلۇس ئۆزىنى مانا شۇنداق ئاقلىغاندا، ۋالىي فېستۇس يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئۇنىڭغا:

_ پاۋلۇس، ساراڭ بولۇپسەن! يۇقىرى بىلىمىڭ ئەقلىڭنى ئازدۇرۇپتۇ! _ دېدى.

25_ ھۆرمەتلىك ۋالىي فېستۇس! _ دېدى پاۋلۇس، _ مەن ساراڭ بولغىنىم يوق، مېنىڭ ئېيتقانلىرىم راست ۋە ئەقىلگە مۇۋاپىق. 26بۇ ئىشلاردىن ئاگرىپا خاننىڭمۇ خەۋىرى بار. شۇڭا، مەن خانغا ئوچۇق ئېيتالايمەن. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە خاننىڭ دىققەت قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. چۈنكى، ھەزرىتى ئەيسانىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلار ئادەم كۆرمەيدىغان بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردا بولغان ئىشلار ئەمەستە!

27ئاندىن، پاۋلۇس ئاگرىپا خانغا قاراپ، مۇنداق دېدى:

_ ئى خان، ئۆزلىرى پەيغەمبەرلەرنىڭ قۇتقۇزغۇچى ھەققىدە ئېيتقانلىرىغا ئىشىنەمدىلا؟ ئىشىنىدىغانلىقلىرىنى بىلىمەن!

28ئاگرىپا خان پاۋلۇسقا:

_ سەن مېنى مۇشۇنچىلىك قىسقىغىنا ۋاقىتتا ئەيساغا ئېتىقاد قىلىشقا قايىل قىلالايمەن، دەپ ئويلاۋاتامسەن؟ _ دېدى.

29پاۋلۇس:

_ مەيلى بالدۇر ياكى كېيىن بولسۇن، ئۆزلىرىنىڭ ۋە بۈگۈن مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ماڭا ئوخشاش ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىمەن. پەقەتلا ماڭا ئوخشاش، زەنجىردە بولۇشۇڭلارنى خالىمايمەن! _ دېدى.

30شۇنىڭ بىلەن، ئاگرىپا خان، ۋالىي فېستۇس، ئاگرىپانىڭ سىڭلىسى بەرنىكى ۋە باشقىلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، 31ئۇ يەردىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، بىر-بىرىگە:

_ بۇ كىشىنىڭ ئۆلۈمگە ياكى تۈرمىگە سولاشقا تېگىشلىك بىرەر جىنايىتى يوق ئىكەن! _ دېيىشتى.

32ئاگرىپا خان فېستۇسقا:

_ بۇ ئادەم، «مېنى رىم ئىمپېراتورى ئۆزى سوراق قىلسۇن» دېمىگەن بولسا، قويۇپ بېرىلسە بولىدىكەنتۇق! _ دېدى. 




27

پاۋلۇسنىڭ رىم شەھىرىگە قىلغان دېڭىز سەپىرى

1بىزنىڭ سۇ يولى بىلەن ئىتالىيىنىڭ رىم شەھىرىگە بېرىشىمىز قارار قىلىنغاندىن كېيىن، رىملىق ئەمەلدارلار پاۋلۇس بىلەن باشقا مەھبۇسلارنى شاھانە قوشۇندىكى يۇلىيۇس ئىسىملىق بىر يۈزبېشىغا تاپشۇرۇپ بەردى. 2بىز ئەدرەمىت شەھىرىدىن ئاسىيا ئۆلكىسىنىڭ دېڭىز بويلىرىدىكى شەھەرلەرگە بارىدىغان كېمىگە ئولتۇرۇپ، سەپەرگە ئاتلاندۇق. ماكېدونىيە ئۆلكىسىنىڭ سالونىكا شەھىرىدىن بولغان ئارىستارخۇس ئىسىملىك بىر كىشى بىز بىلەن ھەمسەپەر بولدى. 3ئەتىسى، سىدون شەھىرىگە يېتىپ كەلدۇق. يۇلىيۇس پاۋلۇسقا كەڭچىلىك قىلىپ، ئېھتىياجلىرىنى ھەل قىلىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ شۇ يەردىكى دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ يېنىغا بېرىشىغا رۇخسەت قىلدى. 4بىز ئۇ يەردىن يەنە يولغا چىقتۇق. قارشى تەرىپىمىزدىن شامال چىققانلىقى ئۈچۈن، سىپرۇس ئارىلىنىڭ شامالغا دالدا تەرىپى بىلەن ماڭدۇق. 5كىلىكىيە ۋە پامفىلىيە ئۆلكىلىرىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدىن ئۆتۈپ، لىكىيە ئۆلكىسىدىكى مىرا شەھىرىگە كەلدۇق. 6بىز ئۇ يەردە كېمىدىن چۈشتۇق. يۇلىيۇس ئىسكەندەرىيە شەھىرىدىن ئىتالىيىگە بارىدىغان كېمىنى تېپىپ، بىزنى ئېلىپ ئۇنىڭغا چۈشتى.

7دېڭىزدىكى سەپىرىمىز ناھايىتى ئاستا بولدى. بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، ناھايىتى تەسلىكتە كىنىدوس شەھىرىنىڭ بويىغا كەلدۇق. شامالغا قارشى ماڭغانلىقىمىز ئۈچۈن، بۇرۇنقى يۆنىلىشىمىز بويىچە ئىلگىرىلىيەلمىدۇق. شۇڭا، كرىت ئارىلىنىڭ شامالغا دالدا تەرىپى بىلەن مېڭىپ، سالمونىي يېرىم ئارىلىدىن ئۆتۈپ، 8دېڭىز قىرغىقىنى بويلاپ، ناھايىتى تەسلىكتە ئىلگىرىلىدۇق ۋە لاسېيا شەھىرىگە يېقىن بولغان «ئارامگاھ» دەپ ئاتىلىدىغان بىر يەرگە كەلدۇق.

9سەپىرىمىز خېلى ۋاقىت كەينىگە سۈرۈلۈپ، كۈز پەسلى بولۇپ قالغانىدى. ئونىنچى ئايدىن كېيىن بوران كۆپ بولغانلىقتىن، دېڭىزدا سەپەر قىلىش خەتەرلىك ئىدى. شۇڭا، پاۋلۇس كۆپچىلىككە:

10_ قېرىنداشلار، مېنىڭچە بۇ يەردىن سەپەرنى داۋاملاشتۇرۇش ناھايىتى خەتەرلىك. مال ۋە كېمە زىيانغا ئۇچراپلا قالماي، ھاياتىمىزنى ساقلاپ قېلىشمۇ تەس! _ دەپ ئاگاھلاندۇردى.

11بىراق، يۈزبېشى يۇلىيۇس بولسا كېمە خوجايىنى بىلەن كېمە باشلىقىنىڭ سۆزىگە ئىشىنىپ، پاۋلۇسنىڭ سۆزىگە ئىشەنمىدى. 12ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ يەرمۇ قىشلاپ قېلىشقا مۇۋاپىق جاي ئەمەس ئىدى. شۇڭا، كۆپچىلىك سەپەرنى داۋاملاشتۇرۇپ، مۇمكىنقەدەر فېنىكس شەھىرىگە يېتىۋېلىپ شۇ يەردە قىشلاشنى قۇۋۋەتلىدى. چۈنكى، كرىت ئارىلىدىكى بۇ ياخشى پورت شەھىرىگە پەقەت شەرقىي جەنۇب ۋە شەرقىي شىمال شامىلى تېگىدىغان بولۇپ، ئۇ شەھەر قىشلاشقا ناھايىتى مۇۋاپىق جاي ئىدى.

دېڭىزدىكى بوران-چاپقۇن

13جەنۇبتىن مەيىن شامال چىقىپ تۇراتتى، كۆپچىلىك ئەسلى پىلان بويىچە ماڭساق بولىدۇ دەپ، دېڭىزدىن لەڭگەرنى چىقىرىپ، كېمىنى ھەيدەپ يولغا چىقتى ۋە كرىت ئارىلىنى بويلاپ ماڭدى. 14ئۇزۇن ئۆتمەي، ئارالدىن قاتتىق شەرقىي شىمال بورىنى چىقىپ كەلدى. 15كېمە بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقتىن، ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئامالسىز قالدۇق. شۇنىڭ بىلەن، كېمىنى بوراننىڭ ھەيدەپ مېڭىشىغا قويۇپ بەردۇق. 16كاۋدا دېگەن بىر كىچىك ئارالنىڭ شامالغا دالدا تەرىپىگە ئۆتۈۋېلىپ، قولۋاقنى كېمىگە چىقىرىۋېلىش ئارقىلىق، ئۇنى ناھايىتى تەستە ساقلاپ قالالىدۇق. 17كېمىچىلەر كېمە پارچىلىنىپ كەتمىسۇن دەپ، كېمىنى ئارغامچا بىلەن سىرتىدىن ئوراپ باغلىۋالدى. كېمىنىڭ لىۋىيە دۆلىتىگە يېقىن يەردە دېڭىز ئاستىدىكى قۇم دۆۋىسىگە پېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، يەلكەنلەرنى چۈشۈرۈپ، كېمىنى مېڭىشىغا قويۇپ بەردى. 18شىددەتلىك بوران توختىمىغانىدى. ئەتىسى، ئۇلار كېمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، مالنى دېڭىزغا تاشلاشقا باشلىدى. 19ئۇنىڭ ئەتىسى كېمىدىكى قورال-سايمانلارنىمۇ دېڭىزغا تاشلىۋەتتى. 20بىز بىرقانچە كۈنلەرگىچە كۈن ۋە يۇلتۇزلارنىمۇ كۆرەلمىدۇق. بوران-چاپقۇن يەنىلا شىددەتلىك داۋاملىشىۋەردى. ئاخىر، قۇتۇلۇپ قېلىش ئۈمىدىمىزدىنمۇ ۋاز كەچتۇق.

21كېمىدىكىلەر بىرنەرسە يېمىگىنىگە خېلى كۈنلەر بولغانىدى. پاۋلۇس ئۇلارنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ:

_ قېرىنداشلار، سىلەر بالدۇرلا مېنىڭ «كرىتتىن يولغا چىقمايلى» دېگەن سۆزۈمنى ئاڭلىغان بولساڭلار، بۇ زىيان-زەخمەتلەرگە ئۇچرىمىغان بولاتتۇق. 22لېكىن، ئەمدى سىلەرنىڭ غەيرەتلىك بولۇشۇڭلارنى ئۆتۈنىمەن. كېمە غەرق بولغان تەقدىردىمۇ، ھېچقايسىڭلارنىڭ ھاياتى زىيانغا ئۇچرىمايدۇ. 23چۈنكى، مېنىڭ ئىگەم بولغان ۋە مەن خىزمەت قىلىپ كەلگەن خۇدا تۈنۈگۈن كېچە بىر پەرىشتىسىنى يېنىمغا ئەۋەتتى، 24پەرىشتە ماڭا: «پاۋلۇس، قورقما! سەن خۇداغا گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن، رىم ئىمپېراتورىنىڭ ئالدىغا بېرىشىڭ كېرەك. مېھرىبان خۇدا دۇئايىڭنى قوبۇل قىلىپ، سەن بىلەن بىللە سەپەر قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى قۇتقۇزىدۇ!» دېدى. 25شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەممىڭلار غەيرەتلىك بولۇڭلار، ئىشىنىمەنكى خۇدا ماڭا قىلغان سۆزلىرىنى جەزمەن ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. 26بىراق، بىز قىرغاققا ئۇرۇلۇپ كېتىشتىن ساقلىنالمايمىز.

27سەپىرىمىزنىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى كېچىسى، كېمىمىز تېخىچە ئادرىئاتىك دېڭىزىدا لەيلەپ يۈرەتتى. يېرىم كېچىدە، كېمىچىلەر قۇرۇقلۇققا يېقىنلاپ قالدۇق، دەپ قاراپ، 28دېڭىزغا ئارغامچا تاشلاپ، سۇنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى ئۆلچەپ كۆرگەنىدى، قىرىق مېتىر چىقتى. سەل ئالدىغا مېڭىپ يەنە ئۆلچىۋىدى، ئوتتۇز مېتىر چىقتى. 29ئۇلار كېمىنىڭ خادا تاشلارغا ئۇرۇلۇپ كېتىشىدىن قورقۇپ، كېمىنى توختىتىش ئۈچۈن كېمىنىڭ كەينىدىن تۆت لەڭگەر تاشلاپ، تاڭ ئېتىشنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈپ تۇردى. 30كېمىدىن قاچماقچى بولغان كېمىچىلەر كېمىنىڭ بېشىدىنمۇ لەڭگەر تاشلايمىز دەپ باھانە تېپىپ، قولۋاقنى دېڭىزغا چۈشۈردى. 31لېكىن، پاۋلۇس يۈزبېشى يۇلىيۇس ۋە لەشكەرلەرگە:

_ بۇ كېمىچىلەر كېمىدە قالمىسا، سىلەر قۇتۇلالمايسىلەر! _ دېدى.

32بۇنىڭ بىلەن، لەشكەرلەر كېمىدىكى قولۋاقنىڭ ئارغامچىسىنى كېسىپ، ئۇنى دېڭىزغا تاشلىۋەتتى. 33تاڭ ئېتىشقا ئاز قالغاندا، پاۋلۇس كۆپچىلىكنى بىرئاز غىزالىنىۋېلىشقا چاقىردى. ئۇ:

_ سىلەرنىڭ غەم-قايغۇ ئىچىدە ئاچ يۈرگىنىڭلارغا ئون تۆت كۈن بولدى. 34ئەمدى بىرئاز غىزالىنىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن. ھايات قېلىشىڭلار ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىش كېرەك. ھېچقايسىڭلارنىڭ بىر تال مويىمۇ زىيانغا ئۇچرىمايدۇ! _ دېدى.

35پاۋلۇس بۇ سۆزنى قىلىپ بولۇپ، قولىغا بىر پارچە ناننى ئېلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا خۇداغا شۈكۈر ئېيتىپ ناننى ئوشتۇپ يېدى. 36بۇنى كۆرگەن ھەممەيلەن غەيرەتلىنىپ، غىزالىنىشقا باشلىدى. 37كېمىدە بىز جەمئىي ئىككى يۈز يەتمىش ئالتە كىشى ئىدۇق. 38ھەممەيلەن قورساقنى تويدۇرغاندىن كېيىن، كېمىچىلەر كېمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، كېمىدىكى بۇغدايلارنىمۇ دېڭىزغا تاشلىۋەتتى.

كېمىنىڭ غەرق بولۇشى

39تاڭ ئاتقاندا، كېمىچىلەر قۇرۇقلۇقنى كۆردى. ئۇلار ئۇ يەرنىڭ نەلىكىنى ئېنىق بىلەلمىگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭدىكى بىر قۇملۇق قولتۇقنى بايقاپ، كېمىنى بىر ئامال قىلىپ شۇ يەردە قۇرۇقلۇققا چىقارماقچى بولدى. 40ئۇلار ئالدى بىلەن لەڭگەرلەرنىڭ ئارغامچىسىنى كېسىپ، لەڭگەرلەرنى دېڭىزغا تاشلىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كېمىنى يەنە ھەيدەش ئۈچۈن، كېمىنىڭ يۆنىلىشىنى باشقۇرىدىغان ئىككى تاختاينىڭ يىپىنى بوشىتىپ، تاختايلارنى دېڭىزغا چۈشۈرۈۋەتتى. ئاندىن، كېمىنىڭ بېشىدىكى يەلكەننى چىقىرىپ، شامالنىڭ ياردىمى بىلەن كېمىنى قىرغاققا يېقىنلاتتى. 41لېكىن، كېمە قىرغاققا يەتكۈچە، دېڭىز ئاستىدىكى قۇم دۆۋىسىگە ئۇرۇلۇپ پېتىپ قالدى. كېمىنىڭ بېشى قۇمغا پېتىپ، مىدىرلىيالماي قالدى، كېمىنىڭ ئارقا تەرىپى دولقۇنلارنىڭ زەربىسى بىلەن چۇۋۇلۇپ كېتىشكە باشلىدى.

42لەشكەرلەر مەھبۇسلارنىڭ سۇغا سەكرەپ قېچىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولدى. 43لېكىن، پاۋلۇسنى قۇتقۇزۇشنى خالىغان يۈزبېشى لەشكەرلەرنىڭ بۇنداق قىلىشىغا يول قويمىدى. ئۇ ئالدى بىلەن سۇ ئۈزۈشنى بىلىدىغانلارنىڭ سۇغا سەكرەپ قىرغاققا چىقىشىنى، 44ئاندىن قالغانلارنىڭ كېمىنىڭ چۇۋۇلۇپ كەتكەن تاختايلىرىغا ۋە ياغاچلارغا ئېسىلىۋېلىپ، قىرغاققا چىقىشىنى بۇيرۇدى. شۇنداق قىلىپ، ھەممەيلەن قۇرۇقلۇققا ساق-سالامەت چىقىۋالدى. 

 




28

مالتا ئارىلىدا

1بىز قۇتۇلۇپ قىرغاققا چىققاندىن كېيىن، ئۇ ئارالنىڭ مالتا ئىكەنلىكىنى بىلدۇق. 2ئارال خەلقى بىزگە ئىنتايىن ياخشى مۇئامىلە قىلدى. ئۇ چاغدا، يامغۇر يېغىپ، ھاۋا سوغۇق بولغاچقا، ئۇلار گۈلخان يېقىپ بىزنى كۈتۈۋالدى. 3پاۋلۇس بىر باغلام ئوتۇن تېرىپ كېلىپ ئوتقا تاشلىۋىدى، ئىسسىقتىن قاچقان بىر زەھەرلىك يىلان ئۇنىڭ قولىغا يېپىشىۋالدى. 4يەرلىكلەر پاۋلۇسنىڭ قولىغا يېپىشىپ تۇرغان يىلاننى كۆرۈپ، بىر-بىرىگە:

_ بۇ ئادەم جەزمەن بىر قاتىل! دېڭىزدىن قۇتۇلۇپ چىققان بولسىمۇ، «تەقدىر» ئۇنىڭ ياشىشىغا يول قويمىدى، _ دېيىشتى.

5لېكىن، پاۋلۇس قولىنى سىلكىپ، يىلاننى ئوتنىڭ ئىچىگە ئاتتى، ئۆزى بولسا ھېچقانداق زەخىم يېمىدى. 6خەلق پاۋلۇسنىڭ بەدىنىنىڭ ئىششىپ كېتىشىنى ياكى ئۇنىڭ تۇيۇقسىز يىقىلىپ ئۆلۈشىنى كۈتەتتى. لېكىن، بىر دەم كۈتۈپ، ئۇنىڭ ھېچنېمە بولمىغانلىقىنى كۆرۈپ، خىيالىنى ئۆزگەرتىپ:

_ بۇ بىر خۇدا بولسا كېرەك! _ دېيىشتى.

7ئۇ يەردىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدا، ئارال باشلىقى پۇبلىيۇسنىڭ بىر پارچە يېرى بار ئىدى. ئۇ بىزنى ئۆيىگە باشلاپ، چىن كۆڭلى بىلەن ئۈچ كۈن كۈتتى. 8ئۇ چاغدا، پۇبلىيۇسنىڭ ئاتىسى تولغاق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، قىزىتمىسى ئۆرلەپ، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغانىكەن. پاۋلۇس ئۇنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ، دۇئا قىلىپ ئۇچىسىغا قولىنى تەگكۈزۈپ، ساقايتىپ قويدى. 9بۇنىڭ بىلەن، ئارالدىكى كېسەللەرنىڭ ھەممىسى پاۋلۇسنىڭ ئالدىغا كېلىشىپ ساقىيىپ قايتىشتى. 10ئۇلار بىزنى ھۆرمەتلەپ، نۇرغۇن سوۋغاتلارنى ئەكېلىشتى. ئۈچ ئايدىن كېيىن، بۇ يەردىن كېتىدىغان ۋاقتىمىزدا، بىزنى يولدا لازىملىق نەرسە-كېرەكلەر بىلەن تەمىنلىدى.

مالتادىن رىم شەھىرىگە بېرىش

11مالتا ئارىلىدا ئىسكەندەرىيىدىن كەلگەن، بېشىغا رىملىقلارنىڭ قوشكېزەك خۇدالىرى كاستور بىلەن پوللۇكسنىڭ نەقىشلىرى ئويۇلغان بىر كېمە قىشلىغانىدى. قىش پەسلىدىن كېيىن، بىز بۇ كېمە بىلەن يولغا چىقتۇق. 12سىراكوزا شەھىرىگە كېلىپ، ئۇ يەردە ئۈچ كۈن تۇردۇق. 13ئاندىن سەپىرىمىزنى يەنە داۋاملاشتۇرۇپ، ئىتالىيىدىكى رېگىيۇم شەھىرىگە كەلدۇق. ئەتىسى، جەنۇبتىن چىققان شامالنىڭ ياردىمى بىلەن ئىككى كۈندە پۇتېيولى شەھىرىگە يېتىپ كەلدۇق. 14ئۇ يەردە ئۇچراتقان ئېتىقادچىلارنىڭ تەكلىپى بىلەن بىر ھەپتە تۇردۇق. ئاندىن، رىم شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقتۇق. 15رىمغا كېلىۋاتقانلىقىمىزدىن خەۋەر تاپقان رىمدىكى ئېتىقادچىلار بىزنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن رىمدىن چىقىپ، ئەللىك نەچچە چاقىرىم يول بېسىپ، بەزىلىرى «ئۈچ ساراي» دېگەن يەرگىچە ۋە بەزىلىرى تېخىمۇ يىراق يول مېڭىپ، ئاپىيۇس بازىرىغىچە كەلگەنىدى. ئۇلارنى كۆرگەن پاۋلۇس خۇداغا رەھمەت ئېيتىپ، تېخىمۇ غەيرەتلەندى.

پاۋلۇس رىم شەھىرىدە

16رىم شەھىرىگە كىرگىنىمىزدە، پاۋلۇسنىڭ بىرلا كۆزەتكۈچى لەشكەر بىلەن بىر ئۆيدە تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىندى. 17ئۈچ كۈندىن كېيىن، پاۋلۇس ئۇ يەردىكى يەھۇدىيلارنىڭ كاتتىۋاشلىرىنى ئۆزى بىلەن كۆرۈشۈشكە تەكلىپ قىلدى. ئۇلار كەلگەندە، پاۋلۇس مۇنداق دېدى:

_ قېرىنداشلار! مەن خەلقىمىزگە ياكى ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان ئەنئەنىلەرگە قارشى ھېچقانداق ئىش قىلمىغان بولساممۇ، يېرۇسالېمدا يەھۇدىيلار تەرىپىدىن سولاققا تۇتۇلۇپ، رىملىقلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلدۇم. 18رىملىقلار مېنى سوراققا تارتقاندىن كېيىن، قويۇۋەتمەكچى بولدى. چۈنكى، مەندە ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە تېگىشلىك بىرەر جىنايەت يوق ئىدى. 19لېكىن، يەھۇدىيلار بۇنىڭغا قارشىلىق بىلدۈرگەچكە، گەرچە ئۆز خەلقىم ئۈستىدىن بىرەر شىكايىتىم بولمىسىمۇ، رىم ئىمپېراتورىغا ئەرز قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم. 20شۇ سەۋەبتىن، مەن ھەربىرىڭلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈش ۋە بۇ ھەقتە سۆزلىشىش ئۈچۈن، سىلەرنى بۇ يەرگە تەكلىپ قىلدىم. شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، خەلقىمىز كۈتۈپ كەلگەن قۇتقۇزغۇچىغا ئىشەنگەنلىكىم ئۈچۈنلا، بۇ زەنجىر بىلەن باغلىنىپ، تۇتقۇن بولۇپ قالدىم.

21ئۇلار پاۋلۇسقا:

_ يەھۇدىيىدىن سەن توغرۇلۇق خەت ئالمىدۇق. ئۇ يەردىن كەلگەن قېرىنداشلارنىڭ ھېچقايسىسىمۇ سەن توغرۇلۇق بىرەر يامان خەۋەر ئەكەلمىدى ياكى يامان گېپىڭنى قىلمىدى. 22لېكىن، سېنىڭ پىكىرلىرىڭنى ئاڭلاپ باقماقچىمىز. چۈنكى، سەن تەئەللۇق بولغان بۇ ئېقىمنىڭ ھەممە يەردە قارشىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىدىن خەۋىرىمىز بار! _ دېيىشتى.

23شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار پاۋلۇس بىلەن كۆرۈشۈشكە بىر كۈننى بەلگىلىدى. ئۇ كۈنى، پاۋلۇسنىڭ تۇرغان يېرىگە تېخىمۇ كۆپ كىشى كەلگەنىدى. پاۋلۇس ئەتىگەندىن كەچكىچە ئۇلارغا خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ھەققىدە چۈشەندۈرۈش بېرىپ، تەۋرات ھەم پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ يەھۇدىيلار كۈتۈپ كەلگەن قۇتقۇزغۇچى ئىكەنلىكىگە قايىل قىلىشقا تىرىشتى. 24ئۇنىڭ سۆزلىرىگە بەزىلەر ئىشەندى، بەزىلەر ئىشەنمىدى. 25ئۇلار ئۆزئارا كېلىشەلمەي، قايتماقچى بولغاندا، پاۋلۇس ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ مۇقەددەس روھنىڭ ئەجدادلىرىڭلارغا ئېيتقان سۆزلىرى سىلەرگىمۇ توغرا كېلىدۇ! مۇقەددەس روھ يەشايا پەيغەمبەرگە مۇنداق دېگەنىدى:

26«بېرىپ بۇ خەلققە مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئېيتقىن:

‹سۆزلىرىمنى ئاڭلايسىلەر، ئاڭلايسىلەر، چۈشەنمەيسىلەر.

قىلغانلىرىمغا قارايسىلەر، قارايسىلەر، مەنىسىنى ئۇقمايسىلەر.

27چۈنكى، بۇ خەلقنىڭ زېھنى زەئىپلەشكەن.

ئۇلار قۇلاقلىرىنى ئېتىۋالغان، كۆزلىرىنىمۇ يۇمۇۋالغان.

ئۇنداق بولمىسىدى، كۆزلىرى كۆرەتتى، قۇلاقلىرىمۇ ئاڭلايتتى،

زېھنى ئويغىنىپ، ماڭا قايتاتتى. مەنمۇ ئۇلارنى ساقايتاتتىم.›»

2829ئاندىن، پاۋلۇس:

_ شۇڭا بىلىشىڭلار كېرەككى، خۇدانىڭ قۇتقۇزۇشى يەھۇدىي ئەمەسلەرگىمۇ بېرىلمەكتە. ئۇلار ئۇنى قوبۇل قىلماي قالمايدۇ! _ دېدى.

30پاۋلۇس ئۆزى ئىجارىگە ئالغان ئۆيدە ئىككى يىل تۇردى ۋە بۇ يەردە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە كەلگەن ھەممە كىشىلەرنى قوبۇل قىلىپ، 31خۇدانىڭ پادىشاھلىقى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى يۈرەكلىك تارقىتىپ، رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە دائىر ھەقىقەتلەرنىمۇ يەتكۈزدى، ئۇنىڭغا ھېچكىم توسقۇنلۇق قىلمىدى.