«ھەزرىتى ئەيسا ئەلچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى»

(قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)

بۇ، لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەرنىڭ داۋامى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئەلچىلەرنىڭ مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە يېتەكچىلىكىدە خۇش خەۋەر تارقاتقانلىقى ۋە ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ قۇرۇلغانلىقى ئاساسلىق قىلىپ خاتىرىلەنگەن.

بۇ كىتابتا ئەيسا مەسىھ ئەرشكە كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن ئەلچىلەرنىڭ خۇش خەۋەر تارقىتىش يولىدىكى خىزمەتلىرى، خۇش خەۋەرنىڭ يەھۇدىيە ۋە سامارىيە ئۆلكىلىرىدە ۋە يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا تاكى رىمغىچە بولغان ئوتتۇرا دېڭىز رايونىغا تارقىلىشى بايان قىلىنغان. بۇ كىتابتىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، خۇش خەۋەر كۈنسايىن كەڭ تارقالغان، شۇنداقلا ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقاد دەسلەپتە يەھۇدىيلار ئارىسىدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، كېيىن كۆپلىگەن يەھۇدىيلارنىڭ ئىنكار قىلىشى ھەمدە نۇرغۇنلىغان يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ قوبۇل قىلىشى بىلەن بارا-بارا دۇنياۋى ئېتىقادقا ئايلانغان.

تېزىس:

1. دەسلەپكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى (1-بابتىن 5-بابقىچە)

2. جامائەتچىلىكنىڭ كېڭىيىشى ۋە زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچرىشى (6-بابتىن 8-بابقىچە)

3. پاۋلۇسنىڭ ئېتىقادچى بولۇشى ۋە خۇش خەۋەر تارقىتىشى (9-باب 1-ئايەتتىن 31-ئايەتكىچە)

4. پېترۇسنىڭ خۇش خەۋەر تارقىتىش يولىدىكى ئىشلىرى (9-باب 32-ئايەتتىن 12-باب 25-ئايەتكىچە)

5. پاۋلۇسنىڭ بىرىنچى قېتىملىق خىزمەت سەپىرى (13-، 14-بابلار)

6. ئەلچىلەر بىلەن يېتەكچىلەرنىڭ يېرۇسالېمدىكى يىغىنى (15-باب 1-ئايەتتىن 35-ئايەتكىچە)

7. پاۋلۇسنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق خىزمەت سەپىرى (15-باب 36-ئايەتتىن 18-باب 22-ئايەتكىچە)

8. پاۋلۇسنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق خىزمەت سەپىرى (18-باب 23-ئايەتتىن 21-باب 14-ئايەتكىچە)

9. پاۋلۇسنىڭ يېرۇسالېمغا بېرىشى ۋە قولغا ئېلىنىشى (21-باب 15-ئايەتتىن 26-بابقىچە)

10. پاۋلۇسنىڭ رىمغا سەپىرى (27-، 28-بابلار)