«پادىشاھلار 1- قىسىم»

(قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)

«پادىشاھلار» دېگەن بۇ ئەسەرنىڭ 1- ۋە 2-قىسىملىرى ئەسلىدە بىرلا بولۇپ، مەزمۇنى ئۇزۇن بولغانلىقتىن بىر ئورالما يازمىغا سىغمىغاچقا، ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن.

داۋۇت پادىشاھنىڭ ئوغلى سۇلايمان مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 970-يىلى ئاتىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلىدۇ. ئۇ تارىختىكى دانا ۋە مەشھۇر پادىشاھ بولۇپ، يېرۇسالېمدىكى تۇنجى ئىبادەتخانىنى سالدۇرىدۇ. بىراق كېيىن ئۇ پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈپ، بۇتپەرەسلىك يولىغا كىرىپ كېتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگار سۇلايماننى جازالاپ، ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىنى ئىككىگە بۆلۈۋېتىدۇ. ئون ئىككى قەبىلىنىڭ بەزىلىرى سۇلايماننىڭ ئوغلى رىخوبئامنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە چىققانلىقىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. شۇنداق قىلىپ بىر پۈتۈن پادىشاھلىق ئىككىگە بۆلۈنۈپ، شىمالىي بۆلىكى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقى، جەنۇبىي بۆلىكى يەھۇدىيە پادىشاھلىقى بولۇپ پارچىلىنىپ كېتىدۇ. يېرۇسالېم ئىزچىل ھالدا يەھۇدىيە پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى بولىدۇ. ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى بىرنەچچە قېتىم ئالمىشىپ، ئاخىرىدا سامارىيە پايتەخت بولىدۇ.

«پادىشاھلار»نىڭ مۇئەللىپى، «پادىشاھلار» 1-قىسىم 14-باب 21-ئايەتتىن باشلاپ، ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە پادىشاھلىقىنىڭ تارىخىنى پاراللېل ھالدا بايان قىلىدۇ. مۇئەللىپ ھەربىر پادىشاھقا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرى بويىچە باھا بېرىدۇ.

پەرۋەردىگار «سامۇئىل» 2-قىسىم 7-باب 16-ئايەتتە ۋەدە قىلغاندەك يەھۇدىيە پادىشاھلىقى ئۈستىدىن داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى ئىزچىل ھالدا ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزىدۇ. ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىدا پادىشاھ ياروبئام غەيرىي سەجدىگاھلارنى سالدۇرۇپ، خەلقىنى بۇتپەرەسلىككە باشلايدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنكى پادىشاھلارنىڭ ھەممىسى بۇتپەرەسلىكتە ئۇنىڭ ئىزىدىن ماڭىدۇ. يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ بەزىلىرىمۇ بۇتپەرەسلىك يولىغا ماڭىدۇ.

 پەرۋەردىگار ئىلياس ۋە ئېلىشاغا ئوخشاش كۆپلىگەن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىش ئارقىلىق خەلقنى ئىتائەتسىزلىكى تۈپەيلىدىن ئۆزلىرىنىڭ بېشىغا كېلىدىغان جازالار ھەققىدە ئالدىن ئاگاھلاندۇرىدۇ. گەرچە يەھۇدىيە پادىشاھلىقىدا خۇدانىڭ ئەمرىنى تۇتقان ياخشى پادىشاھلارمۇ ئۆتكەن، يوشىيا پادىشاھ تەۋرات قانۇنىغا ئاساسەن بەزى ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، لېكىن ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە خەلقى خۇدانىڭ يولىدىن چەتنەپ، ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمايدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 722-يىلى ئاسسۇر پادىشاھى پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى بىلەن سامارىيەنى ئىشغال قىلىپ، ئىسرائىلىيە خەلقىنى ئاسسۇرغا سۈرگۈن قىلىدۇ. يەھۇدىيە پادىشاھلىقى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىدىن ئۇزۇن داۋاملىشىدۇ. لېكىن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 586-يىلىغا كەلگەندە بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر يېرۇسالېمنى ئىشغال قىلىپ، شەھەرنى ۋە ئىبادەتخانىنى ۋەيران قىلىپ، يەھۇدىيە خەلقىنىمۇ سۈرگۈن قىلىدۇ.

«پادىشاھلار» بابىلدىكى سۈرگۈن قىلىنغان يەھۇدىيەلىكلەر ئۈچۈن يېزىلغان. بۇ ئەسەر بىر جەھەتتىن يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق ئەھۋالغا دۇچار بولغانلىقىنى چۈشەندۈرسە، يەنە بىر جەھەتتىن بۇ ئەسەردىكى مەزمۇنلار ئۇلارغا ئۈمىد ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ ئەسەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئايەتلىرى سۈرگۈن قىلىنغان يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياكىننىڭ سالاھىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىدەك بىر تارىخىي بۇرۇلۇش نۇقتىسىنى بايان قىلىدۇ. مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 597-يىلى زىندانغا تاشلانغان يىھوياكىن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 562-يىلىغا كەلگەندە قويۇپ بېرىلىپ، بابىل پادىشاھى بىلەن ھەمداستىخان بولىدۇ. دېمەك پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە ئېغىر جازا بەرگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇلاردىن ھېچقاچان پۈتۈنلەي ۋاز كەچمەيدۇ. «سامۇئىل» 2-قىسىم 7-بابتا خۇدانىڭ داۋۇتقا «سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ ۋە پادىشاھلىقىڭ مېنىڭ ئالدىمدا مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ» دېگەن ۋەدىسى خەلققە ئۈمىد بېغىشلايدۇ ۋە ئۇلار شۇ ۋەدىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى كۈتۈشىدۇ.


تېزىس:

1. سۇلايمان پادىشاھنىڭ ئىسرائىلىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشى («پادىشاھلار» 1-قىسىم 1-بابتىن 11-بابقىچە)

2. بۆلۈنگەن پادىشاھلىقنىڭ دەۋرى («پادىشاھلار» 1-قىسىم 12-بابتىن 2-قىسىم 16-بابقىچە)

3. شىمالدىكى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىنىڭ ھالاكىتى («پادىشاھلار» 2-قىسىم 17-باب)

4. جەنۇبتىكى يەھۇدىيە پادىشاھلىقى ۋە ئۇنىڭ ھالاكىتى («پادىشاھلار» 2-قىسىم 18-بابتىن 25-بابقىچە)