«پادىشاھلار 1- قىسىم»


1

داۋۇت پادىشاھنىڭ ياشانغان ۋاقتى

1داۋۇت پادىشاھ ياشىنىپ، قېرىپ قالغاچقا، ئۇنىڭغا بىرقانچە يوتقان يېپىپ قويسىمۇ ئىسسىمايتتى. 2شۇڭا، ئادەملىرى ئۇنىڭغا:

_ پادىشاھ ئالىيلىرى، بىز سىلىگە ئىپپەتلىك قىزدىن بىرنى تېپىپ ئەكېلەيلى. ئۇ خىزمەتلىرىنى قىلىپ، ھالىلىرىدىن خەۋەر ئالسۇن. سىلىنى ئىسسىتىش ئۈچۈن ھەمراھ بولسۇن، _ دېدى.

3شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پۈتكۈل ئىسرائىلىيە زېمىنىدىن گۈزەل قىز ئىزدەپ، شۇنېملىق ئابىشاگ ئىسىملىك بىر قىزنى تېپىپ، پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ كەلدى. 4ئۇ شۇنچىلىك گۈزەل قىز ئىدى، ئۇ پادىشاھنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ، ھالىدىن خەۋەر ئالدى. بىراق پادىشاھ ئۇ قىز بىلەن بىللە بولمىدى.

ئادونىيانىڭ تەختنى تارتىۋالماقچى بولۇشى

5شۇ چاغلاردا، داۋۇت پادىشاھنىڭ خوتۇنى خاگگىتتىن تۇغۇلغان ئوغلى ئادونىيا «مەن پادىشاھ بولىمەن» دەپ كۆرەڭلەپ يۈردى. ئۇ ئۆزىگە بىر جەڭ ھارۋىسى بىلەن ئاتلارنى شۇنداقلا 50 چاپارمەننى ھازىرلىدى. 6ئاتىسى ئۇنى ئەزەلدىن «نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىسەن؟» دەپ ئەيىبلىمەيتتى. ئۇ ئابسالومدىن كېيىنكىسى بولۇپ، ئۇمۇ ناھايىتى كېلىشكەن يىگىت ئىدى. 7ئادونىيا، زىرۇيانىڭ ئوغلى قوشۇننىڭ باش سەركەردىسى يوئاب ۋە روھانىي ئابىياتار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئۇلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. 8ئەمما روھانىي زادوق، يىھويادانىڭ ئوغلى ياساۋۇللار باشلىقى بىنايا، ناتان پەيغەمبەر، شىمئى، رېئى ۋە داۋۇتنىڭ باھادىرلىرىدىن ھېچكىم ئادونىيانى قوللىمىدى.

9بىر كۈنى ئادونىيا ھەممە قېرىنداشلىرى، يەنى پادىشاھنىڭ باشقا ئوغۇللىرى ۋە يەھۇدىيەنىڭ پۈتۈن ئوردا ئەمەلدارلىرىنى روگېل بۇلىقى يېنىدىكى «يىلان قورام تېشى»نىڭ يېنىغا چاقىرىپ، قوي، كالا ۋە بوردالغان تورپاقلارنى سويۇپ قۇربانلىق قىلدى. 10ئەمما ئۇ ناتان پەيغەمبەر، بىنايا، ئاتىسىنىڭ باھادىرلىرى، شۇنداقلا قېرىندىشى سۇلايماننى چاقىرمىدى.

داۋۇتنىڭ پادىشاھلىققا سۇلايماننى ۋارىس قىلىشى

11ناتان پەيغەمبەر سۇلايماننىڭ ئانىسى باتشەباغا:

_ داۋۇت پادىشاھنىڭ خوتۇنى خاگگىتنىڭ ئوغلى ئادونىيا پادىشاھ بولۇۋاپتۇ. پادىشاھىمىز داۋۇتنىڭ بۇ ئىشلاردىن قىلچە خەۋىرى يوق ئىكەن، سىلى بۇنى ئاڭلىمىدىلىمۇ؟ 12مەن سىلىگە بىر مەسلىھەت بېرەي، سىلى ئۆز جانلىرى ۋە ئوغۇللىرى سۇلايماننىڭ جېنىنى قۇتقۇزۇپ قالماقچى بولسىلىرى، 13دەرھال داۋۇت پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرسىلە، ھەمدە ئۇنىڭغا: «ئى پادىشاھ ئالىيلىرى، بۇرۇن ئۆزلىرى ئاجىزەلىرىگە ‹ئوغلۇڭ سۇلايمان ماڭا ۋارىسلىق قىلىپ، تەختىمدە ئولتۇرىدۇ› دەپ قەسەم قىلغان ئەمەسمىدىلە؟ ئەمدى ئادونىيا قانداق بولۇپ پادىشاھ بولۇپ قالدى؟» دېسىلە. 14سىلى پادىشاھ بىلەن سۆزلىشىۋاتقاندا، مەن كىرىپ سىلىنىڭ گەپلىرىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيمەن، _ دېدى.

15شۇنىڭ بىلەن باتشەبا پادىشاھنىڭ ھۇجرىسىغا كىردى. (بۇ چاغدا پادىشاھ بەك قېرىپ كەتكەن بولۇپ، شۇنېملىق قىز ئابىشاگ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى.) 16باتشەبا پادىشاھقا ئېگىلىپ تەزىم قىلدى. پادىشاھ ئۇنىڭدىن:

_ نېمە تەلىپىڭ بار؟ _ دەپ سورىدى.

17باتشەبا:

_ ئالىيلىرى، سىلى بۇرۇن پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئالدىدا ئاجىزەلىرىگە قەسەم قىلىپ تۇرۇپ: «ئوغلۇڭ سۇلايمان ماڭا ۋارىسلىق قىلىپ، تەختىمدە ئولتۇرىدۇ» دېگەنىدىلە. 18ئەمما ھازىر ئادونىيا پادىشاھ بولۇۋاپتۇ! ئى ئالىيلىرى، سىلى بۇنىڭدىن تېخى خەۋەرسىز. 19ئۇ نۇرغۇن كالا، بوردالغان تورپاق ۋە قويلارنى قۇربانلىق قىلىپ، سىلىنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسىنى ھەمدە روھانىي ئابىياتار، باش سەركەردە يوئابلارنى چاقىرىپ، ئوغۇللىرى سۇلايماننى چاقىرماپتۇ. 20ئى پادىشاھ ئالىيلىرى، ھازىر بارلىق ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆزى سىلىدە، ئۇلار سىلىنىڭ كىمنى ئۆز تەختلىرىدە ۋارىسلىققا ئولتۇرغۇزىدىغانلىقلىرىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. 21ئەگەر ئۇنداق قىلمىسىلا، سىلىدىن كېيىن قالساق، ئادونىيانىڭ بىزنى جىنايەتچى قاتارىدا كۆرۈشى ئېنىق، _ دېدى.

22باتشەبا پادىشاھ بىلەن سۆزلىشىۋاتقاندا، ناتان پەيغەمبەر كەلدى. 23پادىشاھنىڭ مۇلازىملىرى ئۇنىڭغا ناتان پەيغەمبەرنىڭ كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. ناتان پەيغەمبەر پادىشاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ، بېشىنى يەرگە تەگكۈزۈپ تەزىم قىلىپ، 24پادىشاھقا:

_ ئى پادىشاھ ئالىيلىرى، سىلى بۇرۇن راستتىنلا «ئادونىيا ماڭا ۋارىسلىق قىلىپ، تەختىمدە ئولتۇرىدۇ» دېگەنمىدىلە؟ 25بۈگۈن ئادونىيا نۇرغۇن كالا، بوردالغان تورپاق ۋە قويلارنى قۇربانلىق قىلىپ، سىلىنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسىنى، سەركەردىلەرنى ۋە روھانىي ئابىياتارنى چاقىرىپتۇ. ئۇلار: «ياشىسۇن پادىشاھ ئادونىيا!» دەپ توۋلىشىپ، ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا يەپ-ئىچىشىۋېتىپتۇ. 26كەمىنىلىرىنى، روھانىي زادوقنى، يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايا ۋە ئوغۇللىرى سۇلايماننى چاقىرماپتۇ. 27ئى، پادىشاھ ئالىيلىرى، سىلى ئەمەلدارلىرىنىڭ ھېچقايسىسىغا كىمنىڭ تەختلىرىگە ۋارىسلىق قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىماي تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ شۇنداق قىلىشى سىلىنىڭ خاھىشلىرى بىلەن بولدىمۇ؟ _ دېدى.

28داۋۇت پادىشاھ:

_ باتشەبانى چاقىرىڭلار! _ دېدى.

باتشەبا پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىردى. 29‏-30پادىشاھ باتشەباغا:

_ مەن ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ساڭا قەسەم قىلىپ «سېنىڭ ئوغلۇڭ سۇلايمان ماڭا ۋارىسلىق قىلىپ، مېنىڭ تەختىمدە ئولتۇرىدۇ» دېگەنىدىم. ھازىر مېنى نۇرغۇن بالايىئاپەتلەردىن قۇتقۇزغان مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا شۇنداق قەسەم قىلىمەنكى، بۇ سۆزۈمنى بۈگۈن ئەمەلگە ئاشۇرىمەن، _ دېدى.

31باتشەبا بېشىنى يەرگە تەگكۈزۈپ تەزىم قىلىپ:

_ پادىشاھ ئالىيلىرى مەڭگۈ ياشىغايلا! _ دېدى.

سۇلايماننىڭ تەختتە ئولتۇرۇشى

32داۋۇت پادىشاھ:

_ روھانىي زادوق، ناتان پەيغەمبەر ۋە يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايانى چاقىرىڭلار، _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پادىشاھنىڭ ئالدىغا كەلدى. 33پادىشاھ ئۇلارغا:

_ سىلەر مېنىڭ ياساۋۇللىرىمنى ئېلىپ، ئوغلۇم سۇلايماننى مېنىڭ ئۆز قېچىرىمغا مىندۈرۈپ، گىھون بۇلىقىغا ئېلىپ بېرىڭلار. 34ئۇ يەردە روھانىي زادوق ۋە ناتان پەيغەمبەر ئىككىڭلار سۇلايماننىڭ بېشىغا ياغ قۇيۇپ، ئۇنى ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھلىقىغا تەيىنلەپ، بۇرغا چېلىپ: «ياشىسۇن سۇلايمان پادىشاھ!» دەپ توۋلاڭلار 35ۋە ئۇنىڭ كەينىدىن مېڭىڭلار. ئۇ قايتىپ كېلىپ، تەختىمدە ئولتۇرۇپ، مېنىڭ ئورنۇمدا پادىشاھ بولسۇن. مەن ئۇنى ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەگە ھۆكۈمران قىلىپ تەيىنلىدىم، _ دېدى.

36يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايا پادىشاھنىڭ سۆزىگە جاۋاب قايتۇرۇپ:

_ ئامىن! پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ پەرۋەردىگارى خۇدانىڭ ئەمرى شۇنداق بولغاي! 37پەرۋەردىگار بۇرۇن پادىشاھ ئالىيلىرىغا يار بولغاندەك، سۇلايمانغىمۇ يار بولغاي ۋە ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى داۋۇت پادىشاھنىڭكىدىنمۇ قۇدرەتلىك قىلغاي، _ دېدى.

38شۇنىڭ بىلەن روھانىي زادوق، ناتان پەيغەمبەر ۋە يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايا، شۇنداقلا كىرېتلەر بىلەن پىلېتلەردىن تەركىب تاپقان ياساۋۇللار سۇلايماننى داۋۇت پادىشاھنىڭ قېچىرىغا مىندۈرۈپ، ئۇنى گىھون بۇلىقىغا ئېلىپ باردى. 39روھانىي زادوق مۇقەددەس چېدىردىن ئېلىپ كەلگەن مۈڭگۈزدىكى ياغنى ئېلىپ، شۇ يەردە سۇلايماننىڭ بېشىغا قۇيدى. ئۇلار بۇرغا چېلىشىغا بارلىق كىشىلەر «ياشىسۇن سۇلايمان پادىشاھ!» دەپ توۋلاشتى. 40ئۇلار سۇنايلارنى چېلىشقان ھالدا سۇلايمانغا ئەگىشىپ ماڭدى. ئۇلارنىڭ شاد-خۇراملىق بىلەن تەنتەنە قىلىشلىرىدىن يەر-جاھان لەرزىگە كەلدى.

41ئادونىيا مېھمانلىرى بىلەن زىياپەتنى تۈگىتىپ تۇرۇشىغا بۇ شاۋقۇن-سۈرەننى ئاڭلىدى. يوئاب بۇرغا ئاۋازىنى ئاڭلاپ:

_ شەھەردىن كېلىۋاتقان بۇ نېمە ئاۋاز؟ _ دېدى.

42شۇ پەيتتە، روھانىي ئابىياتارنىڭ ئوغلى يوناتان كەلدى. ئادونىيا:

_ كەل، سەن بىر ياخشى ئادەمسەن، بىزگە چوقۇم ياخشى خەۋەر ئېلىپ كەلدىڭ، _ دېدى.

43يوناتان ئادونىياغا:

_ ياق، پادىشاھىمىز داۋۇت ئالىيلىرى سۇلايماننى پادىشاھ قىلىپ تەيىنلىدى. 44پادىشاھ داۋۇت سۇلايماننى روھانىي زادوق، ناتان پەيغەمبەر، يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايا، شۇنداقلا كىرېتلەر ۋە پىلېتلەردىن تەركىب تاپقان ياساۋۇللار بىلەن بىللە يولغا سالدى. ئۇلار سۇلايماننى داۋۇت پادىشاھنىڭ قېچىرىغا مىندۈردى. 45روھانىي زادوق بىلەن ناتان پەيغەمبەر سۇلايماننى گىھون بۇلىقىنىڭ يېنىدا پادىشاھلىققا تەيىنلىدى. ئۇلار شاد-خۇراملىق بىلەن تەنتەنە قىلىشىپ ماڭغاچقا، شەھەر ئىچى شاۋقۇن-سۈرەنگە تولدى. بۇ دەل سىلى ئاڭلىغان شاۋقۇن-سۈرەندۇر. 46سۇلايمان پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇردى. 47ئۇنىڭ ئۈستىگە پادىشاھنىڭ ئەمەلدارلىرى كېلىپ، پادىشاھىمىز داۋۇتنى تەبرىكلەپ: «سىلى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا سۇلايماننىڭ شان-شۆھرىتىنى سىلىنىڭكىدىنمۇ زىيادە قىلسۇن، ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى سىلىنىڭكىدىنمۇ قۇدرەتلىك قىلسۇن» دېيىشتى. پادىشاھ كارىۋىتىدا يېتىپ تۇرۇپ، پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلىپ، 48مۇنداق دېدى: «پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ھەمدۇسانالار بولغاي، ئۇ بۈگۈن ئەۋلادىمدىن بىرسىنى تەختىمگە ۋارىسلىق قىلدۇرۇپ، ئۇنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈشكە نېسىپ قىلدى»، _ دېدى.

49ئادونىيانىڭ مېھمانلىرى بۇنىڭدىن قورقۇشۇپ، ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى-دە، پاتىپاراق بولۇشۇپ، ئۆز يوللىرىغا راۋان بولۇشتى. 50ئادونىيا سۇلايماندىن قورقۇپ، يۈگۈرۈپ بېرىپ، مۇقەددەس چېدىرىنىڭ ئالدىدىكى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئېگىز چىقىرىلغان بۇرجىكىنى چىڭ تۇتۇۋالدى.* 51بىر كىشى سۇلايمانغا:

_ ئادونىيا سىلىدىن قورقۇپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بۇرجىكىنى چىڭ تۇتۇۋېلىپ، «سۇلايمان پادىشاھ مەن قۇلىنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرمەسلىككە قەسەم قىلسۇن» دەپ ئۆتۈنۈۋاتىدۇ، _ دېدى.

52سۇلايمان:

_ ئەگەر ئۇ ساداقەتمەن بولسا، ئۇنىڭ بىر تال مويىغىمۇ زىيان-زەخمەت يەتمەيدۇ. لېكىن ئۇ بىرەر يامان غەرەزدە بولىدىكەن، چوقۇم ئۆلتۈرۈلىدۇ، _ دېدى.

53شۇنىڭ بىلەن سۇلايمان پادىشاھ ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى قۇربانلىق سۇپىسىدىن ئېلىپ كەلدى. ئۇ كېلىپ سۇلايمان پادىشاھقا تەزىم قىلدى. سۇلايمان ئۇنىڭغا:

_ ئۆيۈڭگە قايتقىن، _ دېدى.



*50تەۋرات قانۇنى بويىچە قۇربانلىق سۇپىسىدا بىر جىنايەتچىنىڭ پاناھلىق تىلىشى مۇمكىن ئىدى. «مىسىردىن چىقىش» 21-باب 13-، 14-ئايەتلەرگە قارالسۇن.



 

2

داۋۇتنىڭ سۇلايمانغا قىلغان ۋەسىيىتى

1داۋۇت ئالەمدىن ئۆتۈش ئالدىدا ئوغلى سۇلايماننى ئالدىغا چاقىرىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق ۋەسىيەت قىلدى:

2_ ئۆلۈم ھەممە ئادەمنىڭ بېشىغا كېلىدۇ، مېنىڭمۇ ئۆمرۈم ئاخىرلىشىپ قالدى. جۈرئەتلىك بولۇپ، ئەركەكتەك ياشا. 3پەرۋەردىگارىڭ خۇدانىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ، ئۇنىڭ يولىدا مېڭىپ، مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدا يېزىلغان ئەمر-پەرمان، قائىدە-تۈزۈملەرگە ئەمەل قىل. شۇنداق قىلساڭ مەيلى نېمە قىل، مەيلى قايسى تەرەپكە يول ئال، ھەربىر ئىشىڭدا روناق تاپىسەن. 4شۇندا پەرۋەردىگار ماڭا: «ئەگەر سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ مېنىڭ يولۇمدىن ئاداشماي، ماڭا چىن قەلبى ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ساداقەتمەن بولسا، ئىسرائىلىيە تەختىدە ئولتۇرۇشقا سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭدىن ئادەم كەم بولمايدۇ» دېگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. 5ئۇنىڭدىن باشقا، سەن زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئابنىڭ ماڭا نېمە قىلغانلىقىنى بىلىسەن. ئۇنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئىككى باش سەركەردىسىنى، يەنى نېرنىڭ ئوغلى ئابنېر بىلەن يەتەرنىڭ ئوغلى ئاماسانى ئۆلتۈرگەنلىكىدىن خەۋىرىڭ بار، ئۇ ئاسايىشلىق زاماندا خۇددى ئۇرۇش مەزگىلىدىكىدەك ئۇلارنىڭ قېنىنى تۆكتى. ئۇ ئۆز كەمىرى ۋە چورۇقىنى قان بىلەن بويىدى. 6ئۇنى قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ئۆزۈڭ بىلىسەن. ئۇنىڭ قېرى كاللىسىنىڭ خاتىرجەم ھالدا ئۆلۈكلەر ماكانىغا يول ئېلىشىغا ئىجازەت بەرمە. 7گىلئادلىق بارزىللاينىڭ ئەۋلادلىرىغا ياخشىلىق قىلىپ، ئۇلارغا سەن بىلەن بىر داستىخاندا تائام يەيدىغانلار ئارىسىدىن ئورۇن بەرگىن. چۈنكى، مەن ئاكاڭ ئابسالومدىن قېچىپ يۈرگەن چاغلاردا ئۇلار ماڭا ياخشىلىق قىلغان. 8يەنە باخۇرىملىق بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان گېرانىڭ ئوغلى شىمئىمۇ بار. ئۇ مەن ماخانايىمغا بارغان چېغىمدا مېنى قاتتىق قارغاپ تىللىغان. ئەمما ئۇ ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىغا مەن بىلەن كۆرۈشكىلى كەلگەندە: «مەن سېنى ئۆلتۈرمەيمەن» دەپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قەسەم قىلغانىدىم. 9شۇنداقتىمۇ ئەمدى سەن ئۇنى گۇناھسىز دەپ قارىمىغىن. سەن بىر ئەقىل ئىگىسى، ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بىلىسەن. ئۇ ئاق باش قېرى، قەبرىسىگە قانغا بويالغان ھالدا كىرىپ كەتسۇن.

10داۋۇت ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قېشىغا كېتىپ، «داۋۇت شەھىرى»گە دەپنە قىلىندى. 11ئۇ ئىسرائىلىيەگە 40 يىل پادىشاھ بولدى. ھىبروندا يەتتە يىل، يېرۇسالېمدا 33 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 12سۇلايمان ئاتىسىنىڭ تەختىدە ئولتۇردى. ئۇنىڭ پادىشاھلىقى مۇستەھكەملەندى.

سۇلايماننىڭ ئاتىسىنىڭ ۋەسىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى

13‏-14بىر كۈنى خاگگىتنىڭ ئوغلى ئادونىيا سۇلايماننىڭ ئانىسى باتشەبانىڭ يېنىغا كىردى. باتشەبا ئۇنىڭدىن:

_ ياخشى نىيەت بىلەن كەلدىڭمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

_ شۇنداق، _ دەپ جاۋاب بەردى ئادونىيا، _ سىلىگە دەيدىغان بىر گېپىم بار ئىدى.

_ سۆزلە، _ دېدى باتشەبا.

15ئادونىيا:

_ سىلىگە مەلۇم، بۇ پادىشاھلىق ئەسلى مېنىڭ ئىدى. بارلىق ئىسرائىللار، مېنى ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ، دەپ ئويلىشاتتى. ئەمما ئويلىمىغان يەردىن، پەرۋەردىگارنىڭ خاھىشى بىلەن پادىشاھلىق ئەمدى ئىنىمنىڭ بولۇپ قالدى. 16ھازىر مېنىڭ بىر ئىلتىماسىم بار ئىدى، رەت قىلمىغايلا، _ دېدى.

_ سۆزلە، _ دېدى باتشەبا.

17ئادونىيا:

_ سۇلايمان پادىشاھتىن ماڭا شۇنېملىق قىز ئابىشاگنى خوتۇنلۇققا بېرىشىنى سورىسىلا. ئۇ سىلىنىڭ سۆزلىرىنى رەت قىلمايدۇ، _ دېدى.

18باتشەبا:

_ بولىدۇ، سېنىڭ ئىلتىماسىڭنى پادىشاھقا يەتكۈزەي، _ دېدى.

19شۇنىڭ بىلەن باتشەبا ئادونىيانىڭ ئىلتىماسىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن سۇلايمان پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىردى. سۇلايمان پادىشاھ ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئېگىلىپ تەزىم قىلدى. ئاندىن ئۆز تەختىدە ئولتۇرۇپ، خان ئانىسىغىمۇ بىر تەخت ئەكەلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرغۇزدى. 20باتشەبا:

_ مېنىڭ كىچىككىنە بىر ئىلتىماسىم بار ئىدى، رەت قىلمىغايسەن، _ دېدى.

پادىشاھ:

_ ئانا، سۆزلىسىلە، مەن سىلىنىڭ سۆزلىرىنى رەت قىلمايمەن، _ دېدى.

21باتشەبا:

_ شۇنېملىق قىز ئابىشاگنى ئاكاڭ ئادونىياغا خوتۇنلۇققا بەرسەڭ، _ دېدى.

22سۇلايمان پادىشاھ ئانىسىغا مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ سىلى نېمە ئۈچۈن شۇنېملىق قىز ئابىشاگنى ئادونىيا ئۈچۈن سوراپ كىردىلە؟ ئۇنىڭدىن كۆرە، ئادونىيا مېنىڭ ئاكام بولغاندىكىن پادىشاھلىقنى ئۇنىڭغا بېرىشىمنى تەلەپ قىلسىلا بولماسمىدى؟ روھانىي ئابىياتار ۋە زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئابلارمۇ ئادونىيا تەرەپتە تۇرىدىغۇ، _ دېدى.

23شۇنىڭ بىلەن سۇلايمان پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قەسەم قىلىپ:

_ ئادونىيانىڭ شۇ سۆزى ئۈچۈن ئۇنىڭ جېنىنى ئالمىسام خۇدا مېنى قاتتىق جازالىسۇن! 24مېنى قۇدرەتلىك قىلىپ، ئاتام داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرغۇزغان، ئاتامغا ۋەدە قىلغىنىدەك پادىشاھلىقنى ماڭا ۋە ئەۋلادلىرىمغا بەرگەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، ئادونىيا بۈگۈن ئۆلتۈرۈلىدۇ، _ دېدى.*

25شۇنىڭ بىلەن سۇلايمان پادىشاھ يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايانى ئادونىيانى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇدى. بىنايا بېرىپ، ئۇنى چېپىپ ئۆلتۈردى.

26پادىشاھ روھانىي ئابىياتارغا:

_ سەن يۇرتۇڭ ئاناتوتقا قايتقىن. ئەسلى ساڭا ئۆلۈم لايىق ئىدى، ئەمما بۈگۈن مەن سېنى ئۆلتۈرمەيمەن، چۈنكى سەن ئاتام داۋۇتنىڭ ۋاقتىدا ئىگىمىز پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن، ھەم ئاتام بىلەن جاپادا بىللە بولغان، _ دېدى.

27شۇنىڭ بىلەن سۇلايمان ئابىياتارنى پەرۋەردىگارنىڭ روھانىيلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىدى. بۇ ئارقىلىق پەرۋەردىگارنىڭ شىلو شەھىرىدە روھانىي ئەلىنىڭ ئەۋلادلىرى ھەققىدە ئېيتقان سۆزى ئەمەلگە ئاشتى.

28يوئاب بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، پەرۋەردىگارنىڭ چېدىرىغا قېچىپ بېرىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بۇرجىكىنى تۇتۇۋالدى. چۈنكى ئۇ ئابسالومنى قوللىمىغان بولسىمۇ ئەمما ئادونىيانى قوللىغانىدى. 29بىرسى سۇلايمان پادىشاھقا: «يوئاب پەرۋەردىگارنىڭ چېدىرىغا قېچىپ بېرىۋالدى. ھازىر ئۇ قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا!» دەپ خەۋەر يەتكۈزدى. سۇلايمان يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايانى «بېرىپ ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەت» دەپ ئەۋەتتى. 30بىنايا پەرۋەردىگارنىڭ چېدىرىغا كېلىپ، يوئابقا:

_ پادىشاھ سېنى چىقسۇن، دەپ بۇيرۇق قىلدى، _ دېدى.

ئەمما ئۇ:

_ ياق، مۇشۇ يەردە ئۆلىمەن، _ دېدى.

بىنايا يوئابنىڭ سۆزىنى پادىشاھقا يەتكۈزدى. 31پادىشاھ مۇنداق دېدى:

_ ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە ئۇنى ئۆلتۈرۈپ كۆمۈۋەت! يوئابنىڭ سەۋەبسىز قان ئاققۇزغانلىقىنىڭ گۇناھى مېنىڭ ۋە ئاتامنىڭ ئائىلىسىدىن كۆتۈرۈلسۇن. 32چۈنكى ئۇ، ئاتام داۋۇتنىڭ خەۋىرى بولمىغان ئەھۋالدا ئۆزىدىن ھەققانىي ۋە ياخشى بولغان ئىسرائىلىيەنىڭ باش سەركەردىسى نېرنىڭ ئوغلى ئابنېر بىلەن يەھۇدىيەنىڭ باش سەركەردىسى يەتەرنىڭ ئوغلى ئاماسانى قىلىچلاپ ئۆلتۈرگەن. پەرۋەردىگار ئۇنىڭ قان تۆككەنلىك جازاسىنى چوقۇم بېرىدۇ. 33ئۇلارنىڭ تۆكۈلگەن قان قەرزى يوئاب ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ بېشىغا كەلسۇن. ئەمما ئاتام داۋۇت، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى، ئائىلىسى ۋە ئۇنىڭ تەختىگە پەرۋەردىگار مەڭگۈ تىنچ-ئامانلىق ئاتا قىلغاي.

34شۇنىڭ بىلەن يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايا بېرىپ يوئابنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ جەسىتىنى چۆلدىكى ئۆز يېرىگە دەپنە قىلدى. 35پادىشاھ يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايانى يوئابنىڭ ئورنىغا لەشكەر بېشى قىلىپ تەيىنلىدى. روھانىي زادوقنى ئابىياتارنىڭ ئورنىغا تەيىنلىدى.

36پادىشاھ ئادەم ئەۋەتىپ شىمئىنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا:

_ يېرۇسالېمدا ئۆزۈڭگە بىر ئۆي سال ۋە شۇ يەردە ياشاپ ھېچقانداق يەرگە بارما. 37شۇنى بىلىپ قويغىنكى، سېنىڭ ئۆيدىن چىقىپ قىدرون جىلغىسىدىن ئۆتكەن كۈنۈڭ، دەل سېنىڭ ئۆلىدىغان كۈنۈڭ بولىدۇ. ئۇنداق بولغاندا، ئۆز-ئۆزۈڭگە قىلغان بولىسەن، _ دېدى.

38شىمئى پادىشاھقا:

_ لەببەي، پادىشاھ ئالىيلىرى، قۇللىرى سىلىنىڭ دېگەنلىرىدەك قىلىدۇ، _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن شىمئى يېرۇسالېمدا ئۇزۇن مەزگىل تۇرۇپ قالدى. 39ئەمما ئۈچىنچى يىلنىڭ ئاخىرىدا شىمئىنىڭ ئىككى قۇلى مائاكانىڭ ئوغلى گات پادىشاھى ئاكىشنىڭ يېنىغا قېچىپ بېرىۋالدى. بىرسى شىمئىگە:

_ قارا، سېنىڭ قۇللىرىڭ گاتقا بېرىۋاپتۇ، _ دېدى.

40شۇنىڭ بىلەن شىمئى ئېشىكىنى توقۇپ، گاتتىكى ئاكىشنىڭ قېشىغا قۇللىرىنى ئىزدەپ بېرىپ، ئۇلارنى گاتتىن قايتۇرۇپ كەلدى. 41بىرسى سۇلايمانغا شىمئىنىڭ يېرۇسالېمدىن گاتقا بېرىپ كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. 42پادىشاھ ئادەم ئەۋەتىپ شىمئىنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا:

_ مەن سېنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قەسەم قىلغۇزۇپ، قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئېسىڭدە بولسۇن، سېنىڭ ئۆيدىن چىقىپ باشقا يەرگە بارغان كۈنۈڭ، ئۆلىدىغان كۈنۈڭ بولىدۇ» دېمىگەنمىدىم؟ سەن ماڭا: «پادىشاھ ئالىيلىرى، مەن سىلىنىڭ دېگەنلىرىدەك قىلىمەن» دېگەنىدىڭ. 43سەن ئەمدى نېمە ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئالدىدا قىلغان قەسىمىڭدە تۇرمايسەن؟ نېمىشقا مېنىڭ بۇيرۇقۇمغا ئەمەل قىلمايسەن؟ _ دېدى.

44پادىشاھ شىمئىغا يەنە:

_ ئاتام داۋۇتقا قىلغان يامانلىقىڭ ئۆز كۆڭلۈڭگە ئايان. شۇڭا پەرۋەردىگار ئۆز يامانلىقىڭنى ئۆزۈڭگە ياندۇرىدۇ. 45ئەمما پەرۋەردىگار داۋۇتنىڭ خانىدانلىقىنى مەڭگۈ مۇستەھكەم قىلىپ، ئۇنىڭ ئەۋلادى سۇلايمان پادىشاھنى بەرىكەتلەيدۇ، _ دېدى.

46شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ يىھويادانىڭ ئوغلى بىناياغا شىمئىنى ئۆلتۈرۈشنى بۇيرۇق قىلدى. ئۇ بېرىپ شىمئىنى ئۆلتۈردى. شۇنداق قىلىپ سۇلايماننىڭ پادىشاھلىقى مۇستەھكەملەندى.



*24ئۇ زاماندىكى ئادەت بويىچە پادىشاھنىڭ توقال ۋە كېنىزەكلىرى ئۆزىدىن كېيىنكى تەخت ۋارىسىغا مەنسۇپ بولاتتى. سۇلايماننىڭ غەزەپلىنىشىدىكى سەۋەب _ ئادونىيانىڭ ئابىشاگنى سورىشى، سۇلايماندىن پادىشاھلىقنى تەلەپ قىلغانلىقى بىلەن ئوخشاش ئىدى.



 

3

سۇلايماننىڭ ئەقىل-پاراسەت تىلىشى

1سۇلايمان پىرئەۋننىڭ قىزىنى ئەمرىگە ئېلىپ، پىرئەۋن بىلەن ئىتتىپاق تۈزدى. ئۇ پىرئەۋىننىڭ قىزىنى داۋۇت شەھىرىگە ئېلىپ كەلدى. سۇلايمان ئۆز ئوردىسى، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى ۋە يېرۇسالېم سېپىلىنى سالدۇرۇپ بولغۇچە ئۇ قىز شۇ يەردە تۇردى.

2شۇ چاغلاردا پەرۋەردىگارنىڭ نام-شەرىپىگە ئاتالغان ئىبادەتخانا تېخى سېلىنمىغان بولغاچقا، خەلق غەيرىي سەجدىگاھلىرىغا*
بېرىپ، قۇربانلىق قىلىپ يۈرەتتى. 3سۇلايمان پەرۋەردىگارنى سۆيۈپ، ئاتىسى داۋۇتنىڭ ئىزىنى باسقان بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئۆزىمۇ غەيرىي سەجدىگاھلاردا قۇربانلىق قىلاتتى ۋە ئىسرىق سالاتتى.

4بىر كۈنى پادىشاھ گىبئون شەھىرىگە قۇربانلىق قىلىشقا باردى. (ئۇ يەر سەجدىگاھلار ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمى ئىدى. سۇلايمان ئىلگىرى ئۇ يەردىكى قۇربانلىق سۇپىسىدا مىڭ تۇياقچە كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلغانىدى). 5سۇلايمان گىبئوندىكى ۋاقتىدا بىر كېچىسى پەرۋەردىگار خۇدا ئۇنىڭ چۈشىگە كىرىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

_ مەن ساڭا نېمە ئىلتىپات قىلاي، سورىغىن.

6سۇلايمان:

_ خىزمەتكارىڭ ئاتام داۋۇت سېنىڭ ئالدىڭدا ساداقەتمەن، ھەققانىي ۋە دۇرۇس نىيەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئۇلۇغ مېھىر-شەپقەت كۆرسەتتىڭ. سەن ئاشۇ ئۇلۇغ مېھىر-شەپقىتىڭ بىلەن ھازىر ئۇنىڭ تەختىدە ئولتۇرىدىغان بىر ئوغۇل بەردىڭ. 7ئى پەرۋەردىگارىم خۇدا، سەن ئەمدى مەن قۇلۇڭنى ئاتام داۋۇتنىڭ ئورنىغا پادىشاھ قىلدىڭ، ئەمما مەن تېخى قانداق قىلىشنى بىلمەيدىغان كىچىك بالىدەكمەن. 8قۇلۇڭ سەن تاللىغان زور خەلق بىلەن ياشايدۇ، ئۇلارنىڭ سانى ھەددى-ھېسابسىزدۇر. 9شۇڭا سەن قۇلۇڭغا خەلقىڭنى باشقۇرغۇدەك، ياخشى-ياماننى پەرق قىلغۇدەك ئەقىل-پاراسەت بەرگىن، بولمىسا كىممۇ ئۇلۇغ خەلقىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلالىسۇن؟ _ دېدى.

10سۇلايماننىڭ ئەقىل-پاراسەت سورىشى ئىگىمىزنى خۇرسەن قىلدى. 11خۇدا ئۇنىڭغا:

_ سەن ئۆزۈڭگە ئۇزۇن ئۆمۈر، بايلىق ياكى دۈشمىنىڭنىڭ جېنىنى سورىماستىن، بەلكى ھەق-ناھەقنى پەرق قىلغۇدەك ئەقىل-پاراسەت سورىدىڭ. 12شۇڭا، مانا مەن ساڭا تەلىپىڭ بويىچە سەندىن بۇرۇن ھېچكىمدە بولۇپ باقمىغان ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھېچكىمدە بولمايدىغان ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلىمەن. 13ساڭا يەنە سەن مەندىن سورىمىغان بايلىق ۋە شان-شۆھرەتنىمۇ قوشۇپ بېرىمەن. ئۆمرۈڭدە ھېچقانداق پادىشاھ سەن بىلەن تەڭ بولالمايدۇ. 14ئەگەر سەن مېنىڭ يولۇمدا ماڭساڭ، ئەمر-پەرمانلىرىمنى ئاتاڭ داۋۇتقا ئوخشاش ئورۇندىساڭ، مەن ساڭا ئۇزۇن ئۆمۈر ئاتا قىلىمەن، _ دېدى.

15سۇلايمان ئويغىنىپ، بۇنىڭ بىر چۈش ئىكەنلىكىنى بىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يېرۇسالېمغا قايتىپ، ئىگىمىزنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى قىلىپ، بارلىق ئەمەلدارلىرىغا زىياپەت قىلىپ بەردى.

سۇلايماننىڭ پاراسەت بىلەن چىقارغان ھۆكۈمى

16بىر كۈنى ئىككى پاھىشە ئايال سۇلايمان پادىشاھنىڭ ئالدىغا داد ئېيتىپ كەلدى. 17ئۇلاردىن بىرى:

_ پادىشاھ ئالىيلىرى، مەن بۇ ئايال بىلەن بىر ئۆيدە تۇرىمەن. مېنىڭ تۇغۇتۇمدا ئۇ ئايالمۇ ئۆيدە بار ئىدى. 18مەن تۇغۇپ ئۈچ كۈن بولغاندا بۇ ئايالمۇ بىر بالا تۇغدى. بۇ ئۆيدە ئىككىمىزلا تۇراتتۇق، بىزدىن باشقا ھېچكىم يوق ئىدى. 19بىر كېچىسى بۇ ئايال ئۇخلاۋېتىپ، ئوغلىنى بېسىپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپتۇ. 20ئەمما ئۇ يېرىم كېچىدە ئاجىزەلىرى ئۇخلاۋاتقاندا، يېنىمدىكى ئوغلۇمنى ئېلىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ ئۆلگەن ئوغلىنى مېنىڭ يېنىمغا ياتقۇزۇپ قويۇپتۇ. 21مەن ئەتىسى ئەتىگەندە ئويغىنىپ، ئوغلۇمنى ئېمىتەي دەپ قارىسام، ئۇ ئۆلۈپ قاپتۇ. مەن سىنچىلاپ قارىسام ئۇ مەن تۇغقان بالا ئەمەس ئىكەن، _ دېدى.

22يەنە بىر ئايال:

_ ياق، ئۇنداق ئەمەس! تىرىكى مېنىڭ ئوغلۇم، ئۆلۈكى سېنىڭ! _ دەپ ۋارقىرىدى.

بىرىنچى ئايال:

_ ياق، ئۆلۈكى سېنىڭ، تىرىكى مېنىڭ، _ دەپ تۇرۇۋالدى.

ئۇلار پادىشاھنىڭ ئالدىدا ئەنە شۇنداق تالاش-تارتىش قىلىشتى.

23شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ:

_ بۇ ئايال «تىرىكى مېنىڭ ئوغلۇم، ئۆلۈكى سېنىڭ ئوغلۇڭ» دەيدۇ. ئۇ ئايال «ياق، ئۆلۈكى سېنىڭ ئوغلۇڭ، تىرىكى مېنىڭ ئوغلۇم» دەيدۇ. 24خوش، ئۇنداقتا بىر قىلىچ كەلتۈرۈلسۇن! _ دەپ بۇيرۇدى.

پادىشاھقا بىر قىلىچ كەلتۈرۈلدى. 25پادىشاھ:

_ تىرىك بالىنى ئىككىگە بۆلۈڭلار. بىر پارچىسىنى بۇ ئايالغا، يەنە بىر پارچىسىنى ئۇ ئايالغا بېرىڭلار، _ دېدى.

26تىرىك بالىنىڭ ئۆز ئانىسىنىڭ يۈرىكى ئۆرتىنىپ پادىشاھقا:

_ پادىشاھ ئالىيلىرى، ھەرگىزمۇ تىرىك بالىنى ئۆلتۈرمىگەيلا، بالىنى ئۇنىڭغا بەرگەيلا، _ دېدى.

يەنە بىر ئايال بولسا:

_ بالا مېنىڭمۇ ياكى سېنىڭمۇ بولمىسۇن، ئۇنى ئىككىگە بۆلۈڭلار، _ دېدى.

27پادىشاھ مۇنداق دېدى:

_ بالا ھەرگىز ئۆلتۈرۈلمىسۇن، بالىنى بىرىنچى ئايالغا بېرىڭلار. بۇ ئايال ئۇنىڭ ئانىسى.

28پۈتۈن ئىسرائىللار پادىشاھنىڭ بۇ ئەرزنى قانداق بىر تەرەپ قىلغىنىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدىغان بولدى، چۈنكى ئۇلار خۇدانىڭ سۇلايمانغا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدىغان دانالىق بەرگىنىنى كۆردى.



*2غەيرىي سەجدىگاھ _ بۇ پەرەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىن باشقا سەجدىگاھلارنى كۆرسىتىدىغان سۆز بولۇپ، بۇ تېكىستتا كەنئانلىقلارنىڭ ئىبادەت قىلىدىغان جايلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئەسلىدە ئۇ جايلار ئېگىزلىكلەر ئۈستىگە سېلىناتتى، كېيىنچە باشقا جايلاردىمۇ، مەسىلەن يوغان دەرەخلەر ئاستىدىمۇ سېلىنىدىغان بولغان. ئۇ جايلاردا كەنئانلىقلارنىڭ بۇتلىرى، قۇربانلىق سۇپىلىرى ۋە ھەتتا كىچىك بۇتخانىلارمۇ بار ئىدى. كەنئانلىقلارنىڭ ئىلاھلىرى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان دىنىي قائىدە-يوسۇنلار ئەر ياكى ئايال روھانىيلارنىڭ كەلگەن ئادەملەر بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.



 

4

سۇلايماننىڭ ئەمەلدارلىرى

1سۇلايمان پادىشاھ پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 2ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى تۆۋەندىكىلەر ئىدى:

زادوقنىڭ ئوغلى ئازاريا روھانىي،

3شىشانىڭ ئوغۇللىرى ئەلىخورەف ۋە ئاخىيا پۈتۈكچى،

ئاخىلۇدنىڭ ئوغلى يىھوشافات تەزكىرىچى،

4يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايا قوشۇننىڭ باش سەركەردىسى،

زادوق ۋە ئابىياتار روھانىي،

5ناتاننىڭ ئوغلى ئازاريا ۋەزىر،

ناتاننىڭ ئوغلى روھانىي زابۇد پادىشاھنىڭ مەسلىھەتچىسى،

6ئاخىشار ئوردا غوجىدارى،

ئابدانىڭ ئوغلى ئادورام ھاشارچىلارنىڭ باشقۇرغۇچىسى.

7سۇلايمان پادىشاھنىڭ پۈتۈن ئىسرائىلىيەدە ئۇنىڭ ئوردىسىنى يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەشكە مەسئۇل ئون ئىككى ئەمەلدارى بار ئىدى. ھەربىر ئەمەلدار ھەر يىلدا بىر ئايدىن يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەيتتى. 8ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى ۋە مەسئۇل بولغان زېمىنلىرى مۇنداق ئىدى.

بەنخۇر: ئەفرايىم تاغلىق رايونى،

9بەندەقەر: ماقاز، شائالبىم، بەيت-شەمەش ۋە ئېلون-بەيتخانان شەھەرلىرى،

10بەنخەسەد: ئارۇببوت (سوكوھ ۋە خېفەرنىڭ بارلىق زېمىنىمۇ ئۇنىڭغا قارايتتى)،

11بەن-ئابىناداب (سۇلايماننىڭ قىزى تافاتنىڭ ئېرى): نافات-دورنىڭ ھەممە يەرلىرى،

12ئاخىلۇدنىڭ ئوغلى بائانا: تاناك، مىگىددو ۋە يىزرىئەلنىڭ جەنۇبىدىكى زارىتانغا يېقىن بولغان بەيتشان ۋە ئۇ يەردىن يوقمىئامنىڭ قارشى تەرىپىدىكى ئابېل-مىخولاغىچە بولغان بارلىق يەرلەر،

13بەنگېبەر: گىلئادتىكى راموت (ۋە يەنە گىلئادتىكى ماناسسەنىڭ ئوغلى يائىر جەمەتىگە قاراشلىق شەھەرلەر ھەم باشان زېمىنىدىكى ئارگوب رايونى، تۇچ تاقاقلىق دەرۋازىلار ۋە سېپىل بىلەن قورشالغان ئاتمىش شەھەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان)،

14ئىددونىڭ ئوغلى ئاخىناداب: ماخانايىم،

15ئاخىمائاز (سۇلايماننىڭ قىزى باسماتنىڭ ئېرى): نافتالى قەبىلىسىنىڭ زېمىنى،

16خۇشاينىڭ ئوغلى بائانا: ئاشېر قەبىلىسىنىڭ زېمىنى ۋە بىئالوت،

17پارۇۋاخنىڭ ئوغلى يىھوشافات: ئىسساكار قەبىلىسىنىڭ زېمىنى،

18ئېلانىڭ ئوغلى شىمئى: بىنيامىن قەبىلىسىنىڭ زېمىنى،

19ئۇرىنىڭ ئوغلى گەبەر: گىلئاد زېمىنى (بۇرۇنقى ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخون ۋە باشان پادىشاھى ئوگنىڭ زېمىنى).

ئازاريا ۋەزىر بۇ زېمىنلارنىڭ ھەممىسىنى باشقۇراتتى.

سۇلايمان پادىشاھلىقىنىڭ روناق تېپىشى

20يەھۇدا قەبىلىسى ۋە باشقا ئىسرائىلىيە قەبىلىسىدىكىلەر خۇددى دېڭىز بويىدىكى قۇمدەك كۆپ ئىدى. ئۇلار يەپ-ئىچىپ، خۇشال-خۇرام ياشايتتى. 21سۇلايمان فىرات دەرياسىدىن تارتىپ فىلىستىيەلىكلەر زېمىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا تاكى مىسىر چېگراسىغىچە بولغان پۈتۈن پادىشاھلىقلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى. بۇ دۆلەتلەر سۇلايمان ھايات چېغىدا ئۇنىڭغا ئولپان تاپشۇرۇپ، ئىزچىل تۈردە ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولاتتى. 22سۇلايمان پادىشاھ ئوردىسىنىڭ كۈندىلىك يېمەكلىكلىرى ئۈچۈن ئىككى توننا سۈپەتلىك ئۇن، تۆت توننا ئاددىي ئۇن، 23بوردالغان 10 كالا، يايلاقتا بېقىلغان 20 كالا، 100 قوي كېتەتتى، بۇنىڭدىن باشقا بۇغا، جەرەن، كېيىك ۋە سېمىز ئۇچار قاناتلار كېتەتتى. 24سۇلايمان پادىشاھ تىفساختىن تاكى گازاغىچە بولغان فىرات دەرياسىنىڭ غەربىي تەرىپىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ تۆت ئەتراپى تىنچ ئىدى. 25سۇلايمان پادىشاھ ھايات چېغىدا يەھۇدىيە بىلەن ئىسرائىلىيەدىكى داندىن تارتىپ بەئەرشەباغىچە بولغان خەلقنىڭ ھەممىسى ئۆز ئۈزۈم باراڭلىرى ۋە ئەنجۈر دەرەخلىرى ئاستىدا تىنچ-ئامان ھايات كەچۈردى. 26سۇلايمان پادىشاھنىڭ جەڭ ھارۋىلىرىنى قويىدىغان ئاتخانىلىرىدىن 4 مىڭى ۋە ئاتلاردىن 12 مىڭى بار ئىدى. 27يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئەمەلدارلار ھەر ئايدا سۇلايمان پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ بىلەن ھەمداستىخان بولىدىغانلارنىڭ يېمەكلىكلىرىنى كەم قالدۇرماي نۆۋەتلىشىپ تەمىنلىشەتتى. 28ئۇلار ئارغىماقلار ۋە باشقا ئاتلار ئۈچۈن ئارپا ۋە سامانلارنىمۇ ئۆز نۆۋىتى بويىچە بەلگىلەنگەن يەرگە يەتكۈزۈپ بېرىشەتتى.

سۇلايماننىڭ دانالىقى

29خۇدا سۇلايمانغا دانالىق، زىيادە ئەقىل-پاراسەت ۋە دېڭىز ساھىلىدىكى قۇملاردەك چەكسىز ھېكمەت ئاتا قىلغانىدى. 30ئۇ دانالىقتا شەرقتىكى ۋە مىسىردىكى بارچە دانىشمەنلەرنى بېسىپ چۈشەتتى. 31ئۇنىڭ دانالىقى ھەرقانداق ئادەمدىن، جۈملىدىن ئەزراخنىڭ ئوغلى ئېتان بىلەن ماخولنىڭ ئۈچ ئوغلى _ ھېمان، كالكول ۋە داردانىڭكىدىنمۇ ئارتۇق ئىدى. ئۇنىڭ داڭقى تۆت ئەتراپتىكى پۈتكۈل دۆلەتلەرگە يېيىلغانىدى. 32ئۇنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرى 3000غا، يازغان شېئىرلىرى 1005كە يەتكەنىدى. 33ئۇ ھەر خىل دەل-دەرەخلەر، لىۋان تاغلىرىدا ئۆسىدىغان كېدىر دەرىخىدىن تارتىپ، تامدىن ئۆسۈپ چىقىدىغان لېپەكگۈلگىچە سۆزلەپ ئۆتكەن. ھايۋاناتلار، ئۇچار قاناتلار، ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلار ۋە بېلىقلار ئۈستىدىمۇ توختالغان. 34يەر يۈزىدىكى پادىشاھلار سۇلايماننىڭ دانالىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرىنى ئاڭلاپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتىشەتتى.


5

سۇلايمان پادىشاھنىڭ ئىبادەتخانا سېلىشقا تەييارلىق قىلىشى

1تىر پادىشاھى ھىرام داۋۇت پادىشاھ بىلەن ئۇزۇن يىللاردىن بېرى يېقىن دوستلاردىن بولغاچقا، سۇلايماننىڭ، ئاتىسى داۋۇتنىڭ ئورنىغا پادىشاھلىققا تىكلەنگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۆز ئەلچىلىرىنى ئۇنىڭ ئالدىغا سالامغا ئەۋەتتى. 2سۇلايمان ھىرامغا مۇنۇ سۆزلەرنى يوللىدى:

3«ئۆزلىرىگە مەلۇمكى، ئاتام داۋۇت ئۆپچۆرىسىدىكى دۈشمەنلەر بىلەن بولغان جەڭلەر تۈپەيلىدىن، پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ نام-شەرىپىگە ئاتاپ ئىبادەتخانا سالدۇرالمىغانىدى. ئاتام، پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىنى تاپىنى ئاستىغا چۈشۈرۈشىنى ساقلىغانىدى. 4لېكىن ھازىر پەرۋەردىگارىم خۇدا ھەر تەرەپتىن ماڭا ئاراملىق بەردى. دۈشمەنمۇ قالمىدى، ئۇلارنىڭ ھۇجۇم قىلىش خەۋپىمۇ قالمىدى. 5پەرۋەردىگار، ئاتام داۋۇتقا: ‹مېنىڭ نامىمغا ئاتاپ ئىبادەتخانا سالغۇچى _ مەن سېنىڭ تەختىڭدە ئولتۇرغۇزىدىغان ئوغلۇڭدۇر› دېگەنىدى. شۇڭا مەن ئەمدى، پەرۋەردىگارىم خۇدانىڭ نامىغا ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا سېلىش قارارىغا كەلدىم. 6شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزلىرى ئادەملىرىگە مەن ئۈچۈن لىۋان تاغلىرىدىكى كېدىر دەرەخلىرىنى كېسىپ بېرىشكە بۇيرۇق بەرگەيلا. مېنىڭ ئادەملىرىم سىلىنىڭ ئادەملىرى بىلەن بىللە ئىشلىسۇن، ئادەملىرىنىڭ ئىش ھەققىنى ئۆزلىرىنىڭ دېگىنى بويىچە بېرىمەن. چۈنكى، ئۆزلىرىگە مەلۇم، بىزنىڭ ئارىمىزدا سىلەر سىدونلۇقلاردەك ئۇستا ياغاچ كەسكۈچىلەر يوق.»

7ھىرام سۇلايماننىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، تولىمۇ خۇشال بولدى ۋە: «بۇنداق زور خەلققە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۈچۈن، داۋۇتقا مۇشۇنداق بىر ئەقىللىق ئوغۇلنى بەرگەن پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانالار بولسۇن!» دېدى.

8ئاندىن ھىرام سۇلايمانغا مۇنۇ سۆزلەرنى يوللىدى:

«ماڭا ئەۋەتكەن سۆزلىرىنى ئاڭلىدىم. سىلىنىڭ خائىشلىرى بويىچە بارلىق كېدىر ۋە قارىغاي ياغاچلىرىنى مەن ئۆزۈم تەمىنلەپ بېرىمەن. 9مېنىڭ ئادەملىرىم بۇ ياغاچلارنى لىۋاندىن ئېلىپ چىقىپ، باغلاپ سال قىلىپ، سىلى كۆرسەتكەن يەرگە دېڭىز ئارقىلىق ئېقىتىپ ئېلىپ بارىدۇ. ئادەملىرىم شۇ يەردە ياغاچلارنى چۇۋۇغاندىن كېيىن توشۇپ ئەكەتسەڭلار بولىدۇ. مېنىڭمۇ بىر تەلىپىم بار: سىلى ئوردامنى ئوزۇق-تۈلۈك بىلەن تەمىن ئەتكەيلا.»

10شۇنىڭ بىلەن ھىرام سۇلايمانغا كېرەكلىك بولغان كېدىر ۋە قارىغاي ياغاچلىرىنى يەتكۈزۈپ بەردى. 11سۇلايمانمۇ ھىرامنىڭ بۇ ئەجىرلىرىنىڭ بەدىلىگە ئۇنىڭغا ئىككى مىڭ توننا بۇغداي، ئۈچ مىڭ لىتىر ساپ زەيتۇن يېغى بەردى. سۇلايمان ھىرامنى ھەر يىلى ئەنە شۇنداق تەمىنلەپ تۇردى. 12پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ ۋەدىسى بويىچە سۇلايمانغا دانالىق بەردى. ھىرام بىلەن سۇلايمان ئۆزئارا كېلىشىم تۈزۈپ، تىنچلىقنى داۋاملاشتۇردى.

13سۇلايمان پادىشاھ ئىسرائىل خەلقى ئىچىدىن ھاشارچىلارنى يىغدى. ئۇلارنىڭ سانى 30 مىڭ ئادەم ئىدى. 14ئۇلاردىن ھەر ئايدا نۆۋەت بىلەن 10 مىڭ ئادەمنى لىۋان تاغلىرىغا ئەۋەتەتتى. ئۇلار لىۋان تاغلىرىدا بىر ئاي، ئۆيىدە ئىككى ئاي تۇراتتى. ھاشارچىلارنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئادورام ئىدى. 15سۇلايمان پادىشاھنىڭ تاغدا تاش-ياغاچ توشۇيدىغان ئادىمىدىن 70 مىڭ، تاش قازىدىغان ئادىمىدىن 80 مىڭى بار ئىدى. 16ئۇلاردىن باشقا يەنە سۇلايماننىڭ ئىشلەمچىلەرنى نازارەت قىلىدىغان ۋە ئىشنىڭ بېشىدا تۇرىدىغان 3300 نەپەر ئەمەلدارلىرى بار ئىدى. 17پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە كىشىلەر ھەم يوغان ھەم سۈپەتلىك تاشلارنى قېزىپ چىقىرىپ، ئۇلارنى يونۇپ تەييارلىغاندىن كېيىن، ئىبادەتخانىنىڭ ئۇلى قىلىشقا ئىشلەتتى. 18شۇنداق قىلىپ سۇلايماننىڭ ۋە ھىرامنىڭ ھۈنەرۋەنلىرى گىبال شەھىرىدىن كەلگەنلەر بىلەن بىللە تاشلارنى يونۇپ، ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىغا كېتەرلىك تاش-ياغاچلارنى تەييارلاشتى.


6

سۇلايمان پادىشاھنىڭ ئىبادەتخانىنى سېلىشى

1ئىسرائىل خەلقى مىسىردىن چىققاندىن كېيىنكى 480-يىلى _ سۇلايمان ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرغان تۆتىنچى يىلىنىڭ زىۋ ئېيىدا، يەنى ئەتىيازنىڭ ئوتتۇرىسىدا* ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى سېلىشنى باشلىدى.

2سۇلايمان پادىشاھ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سالغان ئىبادەتخانىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 30 مېتىر، كەڭلىكى 10 مېتىر، ئېگىزلىكى 15 مېتىر ئىدى. 3تاشقىرىقى خانا ئايۋىنىنىڭ كەڭلىكى ئىبادەتخانىنىڭ كەڭلىكىگە تەڭ بولۇپ، كەڭلىكى ئون مېتىر، ئۇزۇنلۇقى بەش مېتىر ئىدى. 4يەنە ئىبادەتخانىغا ئىچى تەرىپى كەڭ، تېشى تەرىپى تار قىلىپ پەنجىرىلەر ياسالدى. 5ئىبادەتخانىنىڭ تاشقىرىقى ۋە ئىچكىرىكى خانىلىرىنى ئوراپ تۇرىدىغان تاملارنىڭ سىرتقى ئۈچ تەرىپىگە يان خانىلارنى قوشتى. 6يان خانىلارنىڭ ئاستىنقى قەۋىتىنىڭ كەڭلىكى ئىككى يېرىم مېتىر؛ ئوتتۇرا قەۋىتىنىڭ كەڭلىكى ئۈچ مېتىر؛ ئۈچىنچى قەۋىتىنىڭ كەڭلىكى ئۈچ يېرىم مېتىر ئىدى. چۈنكى ياغاچلارنى ئىبادەتخانا تاملىرىغا كىرگۈزۈشكە تۆشۈك تېشىش ھاجەت بولمىسۇن دەپ، ئىبادەتخانىنىڭ ئۈچ تېمىغا ياغاچلارنىڭ ئۇچىنى قويىدىغان تەكچىلەر ياسالدى. 7ئىبادەتخانا ياساشقا ئىشلىتىلىدىغان تاشلار تاش قېزىش مەيدانىدا ئالدىن تەييارلىناتتى. شۇڭا ئىبادەتخانىنى سالغان چاغدا، ئىبادەتخانىدا بولقا، جوتۇ ياكى باشقا ھەرقانداق بىر تۆمۈر ئەسۋابلارنىڭ ئاۋازى ئاڭلانمايتتى. 8ئىككىنچى قەۋەتتىكى يان خانىلارنىڭ ئىشىكى ئىبادەتخانىنىڭ جەنۇب تەرىپىدە بولۇپ، ئايلانما پەلەمپەيلەر ئارقىلىق ئوتتۇرا قەۋەتتىكى ھۇجرىلارغا، ئوتتۇرا قەۋەتتىن ئۈچىنچى قەۋەتكە چىققىلى بولاتتى. 9سۇلايمان پادىشاھ ئىبادەتخانا تاملىرىنى سېلىپ بولغاندىن كېيىن، تورۇسىنى كېدىر ياغاچلىرى ۋە تاختايلىرى بىلەن ياپتى. 10ئىبادەتخانىغا قوشقان يان خانىلارنىڭ ھەر قەۋىتىنىڭ ئېگىزلىكى ئىككى يېرىم مېتىردىن بولۇپ، ئۇلار كېدىر ياغاچلىرى بىلەن ئىبادەتخانىغا تۇتاشتۇرۇلغانىدى.

11پەرۋەردىگاردىن سۇلايمانغا ۋەھىي كەلدى:

12«سەن بۇ ئىبادەتخانىنى سېلىۋاتىسەن. مېنىڭ ساڭا دەيدىغىنىم شۇكى، ئەگەر سەن ئەمر-پەرمانلىرىم بويىچە مېڭىپ، بارلىق قائىدە-تۈزۈملىرىمگە ئەمەل قىلساڭ، مەن ئاتاڭ داۋۇتقا بەرگەن ۋەدەمنى سەن ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرىمەن. 13مۇشۇ يەردە، خەلقىم ئىسرائىللار ئارىسىدا تۇرىمەن ۋە ئۇلارنى تەرك ئەتمەيمەن.»

ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكى قۇرۇلۇشى ۋە بېزەكلەر

14شۇنداق قىلىپ سۇلايمان پادىشاھ ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىنى تاماملىدى. 15ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكى تېمىغا يەردىن تورۇسىغىچە پۈتۈنلەي كېدىر تاختىيى ئورنىتىلىپ، يەرگە قارىغاي تاختىيى ياتقۇزۇلدى. 16يەنە ئىبادەتخانىنىڭ ئەڭ ئىچكى تېمىدىن ئالدىغا ئون مېتىر ئارىلىق قالدۇرۇپ، يەر يۈزىدىن تورۇسىغىچە كېدىر تاختىيىدىن تام تۇرغۇزۇلۇپ، ئىچكىرىكى خانا، يەنى ئەڭ مۇقەددەس خانا ھازىرلاندى. 17ئىچكىرىكى خانىنىڭ ئالدىدىكى تاشقىرىقى خانىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 20 مېتىر ئىدى. 18تاملار كېدىر تاختايلىرى بىلەن قاپلانغان بولۇپ، تاشلار ئەسلا كۆرۈنۈپ قالمايتتى. كېدىر تاختايلىرىغا قاپاق ۋە ئېچىلىپ تۇرغان گۈللەر ئويۇلغانىدى. 19پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قويىدىغان خانا، ئىبادەتخانىنىڭ ئەڭ ئىچكىرىگە جايلاشتۇرۇلدى. 20ئىچكىرىكى خانىنىڭ ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكى ۋە ئېگىزلىكى ئوخشاشلا ئون مېتىر بولۇپ، ھەممە يېرى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلانغانىدى. ئۇنىڭ ئالدىدىكى كېدىر ياغىچىدىن ياسالغان ئىسرىقدانمۇ ئالتۇن بىلەن قاپلانغانىدى. 21سۇلايمان پادىشاھ ئىبادەتخانىنىڭ ئىچىنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلاتتى. ئالتۇن بىلەن قاپلانغان ئىچكىرىكى خانىنىڭ ئالدىغا ئالتۇن زەنجىر ئېسىپ قويدى. 22سۇلايمان پادىشاھ ئىبادەتخانىنىڭ ئىچىدىكى ھەممە يەرنى ۋە ئىچكىرىكى خانىنىڭ ئالدىدىكى ئىسرىقداننىمۇ پۈتۈنلەي ئالتۇن بىلەن قاپلاتتى.

23ئىچكىرىكى خانىغا زەيتۇن دەرىخىنىڭ ياغىچىدىن ئېگىزلىكىنى بەش مېتىردىن قىلىپ ئىككى كېرۇبنىڭ* ھەيكىلىنى ياساتتى. 24بىرىنچى كېرۇبنىڭ ھەر ئىككى قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئوخشاشلا ئىككى يېرىم مېتىردىن ئىدى. بۇ قانىتىنىڭ ئۇچىدىن ئۇ قانىتىنىڭ ئۇچىغىچە جەمئىي بەش مېتىر كېلەتتى. 25ئىككىنچى كېرۇبنىڭ ئىككى قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ بەش مېتىر ئىدى. ئىككى كېرۇبنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە شەكلىمۇ ئوخشاش ئىدى. 26ئىككى كېرۇبنىڭ ئېگىزلىكى ئوخشاشلا بەش مېتىردىن ئىدى. 27ئۇ، ئىككى كېرۇبنى ئىچكىرىكى خانىغا قويدى. كېرۇبلار قاناتلىرىنى كېرىپ تۇراتتى، بىرىنچى كېرۇبنىڭ بىر قانىتى بۇ تەرەپتىكى تامغا تېگىپ تۇرسا، يەنە بىر كېرۇبنىڭ بىر قانىتى ئۇ تەرەپتىكى تامغا تېگىپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ قالغان قانىتى ئىبادەتخانىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر-بىرىگە تېگىشىپ تۇراتتى. 28ئۇ، بۇ ئىككى كېرۇبنىمۇ ئالتۇن بىلەن قاپلاتتى.

29ئىچكىرىكى ۋە تاشقىرىقى خانىنىڭ ھەممە تاملىرىغا كېرۇب، خورما دەرىخى ۋە ئېچىلىپ تۇرغان گۈللەرنىڭ شەكىللىرىنى ئويۇپ نەقىشلەتكۈزدى. 30ئىچكىرىكى ۋە تاشقىرىقى خانىنىڭ يەر يۈزىگە ئالتۇن ياتقۇزدى. 31سۇلايمان پادىشاھ ئىچكىرىكى خانىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا زەيتۇن ياغىچىدىن ئىشىك ياساتتى. ئىشىك كېشىكىنىڭ كەڭلىكى تامنىڭ كەڭلىكىنىڭ بەشتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيتتى. 32ئۇ زەيتۇن ياغىچىدىن ياساتقان ئىككى ئىشىكنىڭ يۈزىگە كېرۇب، خورما دەرىخى ۋە ئېچىلىپ تۇرغان گۈللەرنىڭ شەكىللىرىنى ئويۇپ نەقىشلەتكۈزدى. ئۇ يەنە نەقىشلەرنى ئالتۇن بىلەن تەكشى قاپلاتتى. 33ئۇ يەنە تاشقىرىقى خانىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا زەيتۇن ياغىچىدىن ئىشىك كېشىكى ياساتتى. ئۇنىڭ كەڭلىكى تامنىڭ كەڭلىكىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيتتى. 34قارىغاي ياغىچىدىن ئىككى ئىشىك ياساتتى، بۇ ئىككى ئىشىكنىڭ ھەربىرى ئىككى قاناتلىق بولۇپ، مۇجۇققا ئورنىتىلغانىدى. 35ئۇ ئۇلارغا يەنە كېرۇب، خورما دەرىخى ۋە ئېچىلىپ تۇرغان گۈللەرنىڭ شەكىللىرىنى ئويۇپ نەقىشلەتكۈزدى. بۇ نەقىشلەرنىمۇ ئالتۇن بىلەن تەكشى قاپلاتتى.

36ئۇ يەنە ھەر ئۈچ قەۋەت يونۇلغان تاش ئۈستىگە بىر قەۋەت كېدىر ياغىچى قويۇلغان تام قوپۇرۇپ، ئىچكىرىكى ھويلىنى پۈتتۈرۈپ چىقتى.

37سۇلايمان پادىشاھ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ تۆتىنچى يىلى زىۋ ئېيىدا، يەنى ئەتىيازنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئۇل سېلىنغانىدى. 3811-يىلى بۇل ئېيىدا، يەنى كەچ كۈزدە ئىبادەتخانىنىڭ ھەرقايسى بۆلەكلىرىدە ئىش پىلان بويىچە پۈتتى. سۇلايمان پادىشاھ يەتتە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئىبادەتخانىنى ياساپ چىقتى.



*1مىلادىيە كالېندارى بويىچە تەخمىنەن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 965-يىلى 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ.

*23كېرۇب _ ئەرشتە ياشايدىغان ئىنتايىن كۈچلۈك بىر خىل قاناتلىق مەخلۇق.



 

7

سۇلايمان پادىشاھ سالدۇرغان ئوردا-سارايلار

1ۋاھالەنكى، سۇلايمان پادىشاھ ئۆزىگە سالدۇرغان ئوردىنى پۈتتۈرۈشكە 13 يىل ۋاقىت سەرپ قىلدى. 2‏-3بۇ جەرياندا ئۇ «لىۋان ئورمان سارىيى»نىمۇ ياساتتى. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 50 مېتىر، كەڭلىكى 25 مېتىر، ئېگىزلىكى 15 مېتىر ئىدى. كېدىر ياغىچىدىن تۆت رەت تۈۋرۈك قويۇلغانىدى. ھەر ئىككى رەت تۈۋرۈك ئۈستىگە 15تىن، جەمئىي 45 تۈپ كېدىر دەرىخىنىڭ لىم ياغاچلىرى قويۇلغانىدى. لىم ياغاچلارنىڭ ئۈستى كېدىر تاختايلىرى بىلەن يېپىلغانىدى. 4ساراي دېرىزىلىرىنىڭ ئىچى تەرىپى كەڭ، تېشى تەرىپى تار ئىدى. ساراينىڭ ئىككى تېمىدىكى دېرىزىلەر ئۈچ قۇردىن بولۇپ، بىر-بىرىگە قارىشىپ تۇراتتى. 5ھەممە ئىشىكلەرنىڭ كېشەكلىرى تۆت چاسا ئىدى. دېرىزىلەر ئۈچ قۇردىن بولۇپ، بىر-بىرىگە قارىشىپ تۇراتتى.

6ئۇ يەنە «تۈۋرۈك سارىيى»نى ياساتتى. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 25 مېتىر، كەڭلىكى 15 مېتىر ئىدى. ئۇ «تۈۋرۈك سارىيى» ئالدىغا تۈۋرۈكلەرنى ئورنىتىپ، بىر ئايۋان سالدۇردى.

7سۇلايمان پادىشاھ يەنە تەخت تۇرىدىغان ساراينى سالدۇردى ۋە ئۇنى «ھۆكۈم سارىيى» دەپ ئاتىدى. ئۇ شۇ يەردە ھۆكۈم چىقىراتتى. ساراينىڭ ئاستىغا بۇ چېتىدىن ئۇ چېتىگىچە كېدىر تاختىيى ياتقۇزۇلدى.

8سۇلايماننىڭ ئۆزى تۇرىدىغان ئوردىسى «ھۆكۈم سارىيى» ئارقىسىدىكى بىر ھويلىدا بولۇپ، ئۇنىڭ قۇرۇلۇشىمۇ ئوخشاش ئىدى. ئۇ ئۆز ئەمرىگە ئالغان پىرئەۋننىڭ قىزى ئۈچۈنمۇ بىر ئوردا ياساتتى، ئۇنىڭ قۇرۇلۇشى ئاشۇ «تۈۋرۈك سارىيى»نىڭكىگە ئوخشاش ئىدى.

9ھەممە ئىمارەتلەرگە ئۇلىدىن تارتىپ ئۆگزىسىگىچە، ئۆلچەم بويىچە يونۇلغان، ئالدى-كەينى ئېكەك بىلەن تەكشى تۈزلەنگەن سۈپەتلىك تاشلار ئىشلىتىلگەن. چوڭ ھويلىنىڭ تېمىمۇ شۇ خىل تاشلار بىلەن قوپۇرۇلغانىدى. 10ئۇلىغا ئىشلىتىلگەن سۈپەتلىك، چوڭ تاشلارنىڭ ئىچىدە تۆت مېتىرلىقلىرىمۇ، بەش مېتىرلىقلىرىمۇ بار ئىدى. 11ئۇلىنىڭ ئۈستىگە ئۆلچەم بويىچە يونۇلغان سۈپەتلىك تاشلار ۋە كېدىر لىم ياغاچلىرى قويۇلغانىدى. 12ئوردىنىڭ چوڭ ھويلىسىنى چۆرىدەپ ياسالغان تاملار ھەر ئۈچ قەۋەت يونۇلغان تاش ئۈستىگە بىر قەۋەت كېدىر ياغىچى قويۇپ قوپۇرۇلغان بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئىچكىرىكى ھويلىسى ۋە ئايۋىنىنىڭ تاملىرىمۇ شۇ تەرىقىدە قوپۇرۇلغانىدى.

ئىككى تۇچ تۈۋرۈك

13سۇلايمان ئادەم ئەۋەتىپ ھۇرامنى تىردىن ئەكەلدۈردى. 14ھۇرام نافتالى قەبىلىسىدىن بولغان بىر تۇل خوتۇننىڭ بالىسى ئىدى. ئۇنىڭ ئاتىسى تىرلىق مىسكەر ئىدى. ھۇرام مىسكەرچىلىككە ئائىت ھەرقانداق ئىشتا پاراسەتلىك، ئىقتىدارلىق ۋە بىلىملىك ئىدى. ئۇ سۇلايمان پادىشاھنىڭ يېنىغا كېلىپ، پادىشاھنىڭ ھەممە ئىشىنى قىلدى.

15ھۇرام ئېگىزلىكى توققۇز مېتىر، ئايلانما ئۇزۇنلۇقى ئالتە مېتىر كېلىدىغان ئىككى تۇچ تۈۋرۈك ياسىدى. 16تۈۋرۈكنىڭ ئۇچىغا ئورنىتىدىغان ئىككى باشنى تۇچتىن قۇيۇپ چىقتى. تۈۋرۈك بېشىنىڭ ھەربىرىنىڭ ئېگىزلىكى ئىككى يېرىم مېتىردىن ئىدى. 17تۈۋرۈكلەرنىڭ بېشىغا، ئۆرۈلگەن زەنجىرلەردىن ھاسىل بولغان چاقماق شەكىللىك تورسىمان بېزەك قويۇلدى. ھەر ئىككى باش مۇشۇنداق تورلار بىلەن ئورالغانىدى. 18ئۇ يەنە تۇچتىن تۈۋرۈك بېشىدىكى تورلارنى ئوراپ تۇرىدىغان ئىككى قۇر ئانار ياسىدى. ھەر ئىككى باش ئانارلار بىلەن قاپلانغانىدى.

19ئايۋان ئالدىدىكى تۈۋرۈك باشلىرىنىڭ ئۈستىگە ئىككى مېتىر ئېگىزلىكتە پىيازگۈل شەكلىدە بېزەك ياسالغانىدى. 20ھەر ئىككى تۈۋرۈكنىڭ باشلىرىدا، يەنى تورسىمان بېزەكنىڭ قېشىدىكى كۆپتۈرمە نەقىش ئۈستىدە ئىككى قۇر ئانار بار بولۇپ، بۇ قۇرلاردا جەمئىي 200 دانە ئانار بار ئىدى، ئۇلار تۈۋرۈك باشلىرىنى ئوراپ تۇراتتى. 21ھۇرام بۇ ئىككى تۈۋرۈكنى تاشقىرىقى خانا ئايۋىنىنىڭ ئالدىغا تۇرغۇزدى. جەنۇب تەرەپكە قويۇلغان تۈۋرۈككە «ياكىن» [مەنىسى «خۇدا تىكلەيدۇ»]، شىمال تەرەپكە قويۇلغان تۈۋرۈككە «بوئاز» [مەنىسى «خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن»] دەپ ئات قويدى. 22تۈۋرۈكلەرنىڭ بېشى پىيازگۈلسىمان قىلىپ ياسالدى. شۇنداق قىلىپ تۈۋرۈكلەرنى ياساش ئىشى ئاخىرلاشتى.

تۇچ داڭقان

23ھۇرام يەنە كەڭلىكى بەش مېتىر، چوڭقۇرلۇقى ئىككى يېرىم مېتىر، ئايلانمىسى 15 مېتىر كېلىدىغان، «دېڭىز» دەپ ئاتالغان يۇمىلاق شەكىلدىكى تۇچ داڭقان قۇيدى. 24تۇچ داڭقاننىڭ گىرۋىكى ئاستىغا ئىككى قۇر قاپاق شەكىللىك نەقىش چىقىرىلغان. ھەر مېتىر ئارىلىققا يىگىرمە قاپاق قۇيۇلغان بولۇپ، ئۇلار داڭقان قۇيۇلغان چاغدىلا بىللە قۇيۇلۇپ چىققانىدى. 25داڭقان ئون ئىككى تۇچ بۇقىلارنىڭ ئۈستىگە قويۇلغانىدى. بۇقىلارنىڭ ئۈچى شىمالغا، ئۈچى غەربكە، ئۈچى جەنۇبقا، ئۈچى شەرققە قارىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قۇيرۇقلىرى ئىچى تەرەپكە قارايتتى. 26داڭقاننىڭ قېلىنلىقى سەككىز سانتىمېتىر بولۇپ، گىرۋىكى خۇددى پىيالىنىڭ گىرۋىكىگە ھەم پىيازگۈلنىڭ گۈلىگە ئوخشايتتى. 44 مىڭ لىتىر سۇ سىغاتتى.

تۇچ داسلار ۋە ئۇلارنى قويىدىغان ھارۋىلار

27ھۇرام يەنە ھەربىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى ئىككى مېتىر، ئېگىزلىكى بىر يېرىم مېتىر كېلىدىغان تۇچ داسلارنى قويىدىغان تۇچ ھارۋىدىن ئوننى ياسىدى. 28ھارۋىلار مۇنداق شەكىلدە ياسالدى:

ھارۋىلارنىڭ ئاستى، ئۈستى ئىككى دانە تۆت چاسا رامكىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ رامكىلار تۆت بۇرجىكىدىن تۆت دانە خادا بىلەن تۇتاشتۇرۇلغانىدى. 29خادىلار ئارىسىدىكى تۆت چاسا رامكىلارغا شىر، بۇقا ۋە كېرۇبلارنىڭ شەكىللىرى قۇيۇلغانىدى. شىر بىلەن بۇقىلارنىڭ ئاستى ۋە ئۈستىدىكى خادىلارغا گۈلچەمبىرەكلەردىن نەقىش چىقىرىلغانىدى.

30ھەربىر ھارۋىدا تۇچ چاقتىن تۆتى ۋە چاقلارنى تۇتاشتۇرىدىغان تۇچ ئوقلار بار ئىدى. داسنى تىرەپ تۇرۇش ئۈچۈن ياسالغان پۇتلاردىن تۆتى بار بولۇپ، پۇتلارنىڭ ھەر تەرىپىگە گۈلچەمبىرەكلەردىن نەقىش چىقىرىلغانىدى.

31ھەربىر ھارۋىنىڭ ئۈستىدە داسنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان بىر يۇمىلاق قۇرۇلما بار ئىدى. ئۇنىڭ دىيامېتىرى 75 سانتىمېتىر، ھارۋىدىن چىقىپ تۇرىدىغان ئېگىزلىكى يېرىم مېتىر بولۇپ، ئۇمۇ نەقىشلەنگەنىدى. لېكىن رامكىلار يۇمىلاق ئەمەس، بەلكى تۆت چاسا ئىدى.

32ھارۋىلارنىڭ تۆت چاقى رامكىلارنىڭ ئاستىدا بولۇپ، ئوقلىرى ھارۋىغا تۇتىشىپ تۇراتتى. ھەربىر چاقنىڭ ئېگىزلىكى 75 سانتىمېتىر ئىدى. 33چاقلار جەڭ ھارۋىسىنىڭ چاقلىرىنىڭ تۈزۈلۈشىگە ئوخشاش بولۇپ، چاق ئوقى، چاق ئۇلتىڭى، گۈگۈسۈنى ۋە چاق مەركىزىنىڭ ھەممىسى تۇچتىن قۇيۇلغانىدى.

34ھەربىر ھارۋىنىڭ تۆت بۇلۇڭىدا بىردىن تىرەك بولۇپ، ئۇلار ھارۋا بىلەن بىر گەۋدە ئىدى. 35ھارۋىنىڭ ئۈستىدىكى يۇمىلاق قۇرۇلمىنىڭ ئېگىزلىكى 25 سانتىمېتىر كېلەتتى. يۇمىلاق قۇرۇلما تىرەكلەر بىلەن ھارۋىنىڭ تۆت چاسا رامكىلىرىغا تۇتاشتۇرۇلۇپ مۇقىملاشتۇرۇلغانىدى. 36تىرەك بىلەن رامكىلارنىڭ ھەربىر يۈزىگە كېرۇب، شىر ۋە خورما دەرەخلىرىنىڭ شەكىللىرى ئويۇلغان بولۇپ، ھەممە قىرلىرى گۈلچەمبىرەكلەردىن نەقىشلەنگەنىدى.

37ئون ھارۋىنىڭ ھەممىسى شۇ شەكىلدە ياسالغانىدى. ئۇلار بىر قېلىپتا قۇيۇپ چىقىلغان بولۇپ، ئۆلچىمى ۋە شەكلى بىر-بىرىگە ئوخشاش ئىدى.

38ھۇرام يەنە دىيامېتىرلىرى ئىككى مېتىر كېلىدىغان، ھەربىرىگە 900 لىتىر سۇ پاتىدىغان ئون تۇچ داس ياسىدى. ئون ھارۋىنىڭ ھەربىرىگە بىردىن تۇچ داس قويۇلدى. 39ئون ھارۋىنىڭ بەشىنى ئىبادەتخانىنىڭ جەنۇبىغا، بەشىنى ئىبادەتخانىنىڭ شىمالىغا قويدى. داڭقاننى ئىبادەتخانىنىڭ شەرقىي جەنۇب بۇرجىكىگە ئورۇنلاشتۇردى.

ئىبادەتخانىدىكى تۇچ ۋە ئالتۇندىن ياسالغان بۇيۇملار

40ھۇرام يەنە كۈلدان، گۈرجەك ۋە داسلارنى ياسىدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا سۇلايمان پادىشاھ ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ھەممە ئىشنى پۈتتۈردى. 41ئۇنىڭ ياسىغانلىرى مۇنۇلاردىن ئىبارەت:

ئىككى تۈۋرۈك،

تۈۋرۈكلەرنىڭ بېشىغا ياسالغان قاچا شەكىللىك ئىككى فورما،

قاچا شەكىللىك فورمىلارنى يېپىپ تۇرىدىغان ئىككى تورسىمان بېزەك،

42تۈۋرۈكلەرنىڭ بېشىدىكى قاچا شەكىللىك ئىككى فورمىنى يېپىپ تۇرىدىغان تورسىمان بېزەكلەرنىڭ ھەر بىرىگە ئىككى قۇردىن ياسالغان 400 دانە ئانار،

43ئون ھارۋا، ھارۋا ئۈستىدىكى ئون تۇچ داس،

44داڭقان ۋە داڭقان ئاستىدىكى ئون ئىككى بۇقا،

45كۈلدان، گۈرجەك ۋە داس.

سۇلايمان پادىشاھنىڭ تەلىپى بىلەن ھۇرام پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ياسىغان بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى پارقىراق تۇچتىن ياساپ چىقتى. 46پادىشاھ بۇلارنى ئىئوردان تۈزلەڭلىكىدە، سۇككوت بىلەن زارىتاننىڭ ئوتتۇرىسىدا سېغىز لاي قېلىپلاردا قۇيدۇرۇپ ياساتتى. 47بۇ نەرسىلەر تولىمۇ كۆپ بولغاچقا، سۇلايمان ئۇلارنى ئۆلچەتمەي ئىشلىتىۋەردى. شۇنداق قىلىپ ئىشلىتىلگەن بارلىق تۇچلارنىڭ ئېغىرلىقىنىڭ ھېسابى ئېنىقلانمىدى.

48سۇلايمان يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى بارلىق بۇيۇملارنى ياساتقۇزدى. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

ئالتۇن ئىسرىقدان،

خۇداغا سۇنۇلىدىغان نانلارنى تىزىدىغان ئالتۇن شىرە،

49ئىچكىرىكى خانىنىڭ ئالدىغا ئوڭ تەرىپىگە بەشتىن، سول تەرىپىگە بەشتىن قويۇلىدىغان ساپ ئالتۇن چىراغدان،

چىراغداننىڭ ئالتۇن گۈللۈك نەقىشلىرى، ئالتۇن چىراغلىرى، ئالتۇن پىلىك قىسقۇچلار،

50ساپ ئالتۇن پىيالە، پىلىك قايچىسى، داس، ئىسرىق تەخسىسى ۋە ئوتدانلار،

ئەڭ مۇقەددەس جاي بولغان ئىچكىرىكى خانىنىڭ ۋە تاشقىرىقى خانىنىڭ ئىشىكلىرىنىڭ ئالتۇندىن ياسالغان مۇجۇقلىرى.

51شۇنداق قىلىپ سۇلايمان پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قۇرۇپ چىقىش ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى تاماملاپ بولدى. سۇلايمان پادىشاھ ئاتىسى داۋۇتنىڭ پەرۋەردىگارغا ئاتىغان، ئالتۇن-كۈمۈش ۋە بۇيۇملىرىنىڭ ھەممىسىنى ئەكەلدۈرۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ خەزىنىلىرىگە قويدى.


8

ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئىبادەتخانىغا ئېلىپ كېلىنىشى

1سۇلايمان پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى داۋۇت شەھىرىدىن، يەنى سىئوندىن ئىبادەتخانىغا يۆتكەپ ئەكېلىش ئۈچۈن، ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىنى، يەنى ھەرقايسى قەبىلە ۋە جەمەت باشلىقلىرىنىڭ ھەممىسىنى يېرۇسالېمدا ئۆزىنىڭ ئالدىدا جەم بولۇشقا بۇيرۇدى. 2شۇ سەۋەبتىن پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ئېتانىم ئېيىدىكى، يەنى باش كۈزدىكى كەپە تىكىش ھېيتىدا سۇلايمان پادىشاھنىڭ ئالدىغا جەم بولدى. 3‏-4ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىنىڭ ھەممىسى كەلگەندىن كېيىن، روھانىيلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ يۆتكەپ چىقتى. لاۋىيلار روھانىيلارغا قوشۇلۇپ، ئۇچرىشىش چېدىرىنى ۋە چېدىر ئىچىدىكى بارلىق مۇقەددەس بۇيۇملارنى ئېلىپ چىقتى. 5سۇلايمان پادىشاھ ۋە پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا جەم بولۇپ، نۇرغۇنلىغان قوي-كالىلارنى قۇربانلىق قىلىشتى. قۇربانلىقلارنىڭ سانى ھېسابسىز بولۇپ، سانىنى ئېلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

6ئاندىن روھانىيلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئۆز جايىغا، يەنى ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكىرىكى قىسمىدىكى ئەڭ مۇقەددەس خانىغا ئېلىپ كىرىپ، ئىككى كېرۇبنىڭ قانىتى ئاستىغا قويدى. 7كېرۇبلارنىڭ يېيىلىپ تۇرغان قاناتلىرى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۈستىنى ئوراپ، ئەھدە ساندۇقى بىلەن ئۇنى كۆتۈرىدىغان بالداقلارنى ئۈستىدىن يېپىپ تۇراتتى. 8بۇ بالداقلار ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇچىنى مۇقەددەس جاينىڭ ئىچىدە _ ئىچكىرىكى خانىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ كۆرگىلى بولاتتى، لېكىن سىرتتىن كۆرۈنمەيتتى. بۇ بالداقلار تا بۈگۈنگىچە شۇ يەردە تۇرماقتا. 9ئەھدە ساندۇقى ئىچىدە مۇسا سىناي تېغىدا سېلىپ قويغان ئىككى تاش تاختىدىن باشقا ھېچ نەرسە يوق ئىدى. ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار شۇ تاغدا ئۇلار بىلەن ئەھدە تۈزگەنىدى. 10روھانىيلار مۇقەددەس جايدىن چىقىۋاتقاندا، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى بۇلۇت بىلەن تولغانىدى. 11بۇلۇت، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى ئىبادەتخانىنى قاپلىغاچقا، روھانىيلار ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالماي قالدى.

سۇلايمان پادىشاھنىڭ خەلققە سۆز قىلىشى

12بۇ چاغدا سۇلايمان پادىشاھ:

_ ئى پەرۋەردىگار، سەن قويۇق قارا بۇلۇتلار ئىچىدە تۇرىمەن دېگەنىدىڭ. 13بۈگۈن مەن ساڭا ئاتاپ، مەڭگۈلۈك تۇرۇشۇڭ ئۈچۈن ھەيۋەتلىك بىر ئىبادەتخانا سالدىم، _ دەپ دۇئا قىلدى.

14ئاندىن سۇلايمان پادىشاھ بۇرۇلۇپ، ئۆرە تۇرغان پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتىگە قاراپ، ئۇلارغا بەخت تىلىدى ۋە مۇنداق دېدى:

15_ پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ھەمدۇسانالار بولسۇن! ئۇ ئۆز ئاغزى بىلەن ئاتام داۋۇتقا بەرگەن ۋەدىسىنى بۈگۈن ئۆز قۇدرىتى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇردى. 16ئۇ ئاتامغا: «مەن ئۆز خەلقىم ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان كۈندىن بۇيان نام-شەرىپىم ئۈچۈن ئىبادەتخانا سېلىشقا ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ شەھەرلىرىدىن ھېچقايسىسىنى تاللىمىدىم، بىراق خەلقىم ئىسرائىللار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا سېنى تاللىدىم» دېگەنىدى. 17ئاتام داۋۇتنىڭ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ نامىغا ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا سالدۇرۇش نىيىتى بار ئىدى. 18ئەمما پەرۋەردىگار ئاتام داۋۇتقا: «مېنىڭ نامىمغا ئاتاپ ئىبادەتخانا سېلىش نىيىتىدە بولغىنىڭ ياخشى ئىش، 19لېكىن ئىبادەتخانىنى سەن ئەمەس، بەلكى سېنىڭ ئۆز پۇشتۇڭدىن بولغان ئوغلۇڭ سالىدۇ» دېگەنىدى. 20ھازىر پەرۋەردىگار ئۆز ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. مەن پەرۋەردىگار ئېيتقاندەك، ئاتام داۋۇتقا ۋارىسلىق قىلىپ، ئىسرائىلىيە تەختىدە ئولتۇردۇم، ھەمدە بىز ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ نامىغا ئاتاپ بۇ ئىبادەتخانىنى سالدۇردۇم. 21ئىبادەتخانىدا ئەھدە ساندۇقى ئۈچۈن بىر يەر ھازىرلىدىم. مانا ئەھدە ساندۇقىدا پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدىسى، يەنى ئۇ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان چاغدا ئۇلار بىلەن تۈزگەن ئەھدىسى تۇرۇپتۇ.

ئىبادەتخانىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاش دۇئاسى

22سۇلايمان پادىشاھ پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى ئالدىدا پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ، قوللىرىنى كۆككە كۆتۈرۈپ 23مۇنداق دۇئا قىلدى:

_ ئى پەرۋەردىگار _ بىز ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، ئاسمان ۋە زېمىندا ساڭا تەڭداش بولالايدىغان باشقا ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر. چىن قەلبىدىن سېنىڭ يولۇڭدا ماڭغان خىزمەتكارلىرىڭغا ئەھدەڭدە تۇرۇپ، ساداقىتىڭنى كۆرسىتىسەن. 24سەن خىزمەتكارىڭ ئاتام داۋۇتقا بەرگەن ۋەدەڭدە تۇردۇڭ، ئۆز ئاغزىڭ بىلەن قىلغان ۋەدەڭنى مانا بۈگۈن ئۆز قۇدرىتىڭ بىلەن بەجا كەلتۈردۈڭ.

25ئى پەرۋەردىگار _ بىز ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، سەن خىزمەتكارىڭ ئاتام داۋۇتقا: «سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ ئۆزىنىڭ ئىش-ئەمەللىرىگە دىققەت قىلىپ، سەن ئالدىمدا قۇسۇرسىز يۈرگەندەك توغرا يولدا يۈرسە، مېنىڭ ئالدىمدا، ئىسرائىلىيە تەختىدە ئولتۇرۇشقا ئەۋلادىڭدىن ئادەم كەم بولمايدۇ» دەپمۇ ئېيتقانىدىڭ. ئەمدى ئاتامغا قىلغان بۇ ۋەدەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرغايسەن. 26ئى بىز ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، خىزمەتكارىڭ بولغان ئاتام داۋۇتقا بەرگەن ۋەدەڭنى ئادا قىلىشىڭنى ئۆتۈنىمەن! 27ئى خۇدا، سەن ئەجەبا زېمىندا تۇرامسەن؟ سەن ئاسمانلار ۋە ئەرشئەلاغا پاتمىغان يەردە، مەن سالغان بۇ ئىبادەتخانىغا پاتارسەنمۇ؟ ياق! 28شۇنداقتىمۇ، ئى پەرۋەردىگارىم خۇدا، خىزمەتكارىڭنىڭ دۇئا ۋە ئىلتىجاسىغا قۇلاق سالغايسەن، خىزمەتكارىڭنىڭ بۈگۈن سېنىڭ ئالدىڭدا قىلغان نىداسى ۋە نالىسىنى ئاڭلىغايسەن! 29سەن: «شۇ يەردە ياشايمەن» دەپ ئېيتقان بۇ ئىبادەتخانىغا كېچە-كۈندۈز كۆزلىرىڭنى تىككەيسەن. خىزمەتكارىڭنىڭ بۇ يەرگە يۈزلىنىپ تۇرۇپ قىلغان دۇئاسىغا قۇلاق سالغايسەن! 30خىزمەتكارىڭ ۋە ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىللار بۇ يەرگە قاراپ دۇئا قىلغان چاغدا ئۇلارنىڭ ئىلتىجاسىغا قۇلاق سالغايسەن. دەرگاھىڭ بولغان ئەرشتە تۇرۇپ ئاڭلىغايسەن ۋە گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگەيسەن.

31ئەگەر بىر ئادەم قوشنىسىغا گۇناھ قىلدى، دەپ ئەيىبلەنسە ۋە ئۇ ئادەم ئۆزىنىڭ گۇناھسىزلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن قەسەم ئىچىشكە مەجبۇرلىنىپ، بۇ ئىبادەتخانىغا كېلىپ، سېنىڭ قۇربانلىق سۇپاڭ ئالدىدا قەسەم ئىچسە، 32سەن ئەرشتە تۇرۇپ ئاڭلاپ، ھەرىكەت قىلغايسەن، قۇللىرىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىپ، گۇناھكارنى جازالىغايسەن، ئۇنىڭ قىلغىنىنى ئۆز بېشىغا قايتۇرغايسەن. بىگۇناھ كىشىگە ئۆز ھەققانىيىتىگە يارىشا ھەققىنى بەرگەيسەن.

33ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىللار سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھ قىلغانلىقى تۈپەيلى دۈشمەنلىرىدىن يېڭىلسە، ئاخىر يەنە ساڭا قايتىپ، نامىڭنى ئۇلۇغلاپ، بۇ ئىبادەتخانىدا تۇرۇپ ساڭا دۇئا قىلىپ، رەھىم قىلىشىڭنى تىلىسە، 34ئەرشتە تۇرۇپ ئاڭلاپ، ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىللارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈپ، ئۇلارنى سەن ئاتا-بوۋىلىرىغا بەرگەن زېمىنغا قايتۇرۇپ كەلگەيسەن.

35ئۇلار سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھ قىلغانلىقىدىن ئاسمانلار يېپىلىپ يامغۇر ياغمىسا، ئۇلار بۇ ئىبادەتخانىغا يۈزلىنىپ ساڭا دۇئا قىلىپ، نامىڭنى ئۇلۇغلاپ، مۈشكۈللۈكتە قالدۇرغانلىقىڭ ئۈچۈن، ئۆز گۇناھلىرىغا توۋا قىلىپ، يامانلىقتىن يانسا، 36ئەرشتە تۇرۇپ قۇلاق سېلىپ، قۇللىرىڭ، يەنى ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىللارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈپ، ئۇلارغا ماڭىدىغان دۇرۇس يولنى كۆرسىتىپ، ئۆز خەلقىڭگە تەقسىم قىلىپ بەرگەن زېمىنغا شەپقەت قىلىپ، يامغۇر ياغدۇرغايسەن.

37ئەگەر بۇ زېمىندا ئاچارچىلىق بولۇپ، ۋابا تارقىلىپ، زىرائەتلەر ئىسسىق شامالدىن قۇرۇپ، نەم شامالدىن كۆكىرىپ كەتسە، چېكەتكە چۈشۈپ، قۇرت باسسا، ياكى دۈشمەنلەر ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىنى قورشىۋالسا، مەيلى قانداق ئاپەتكە دۇچار بولسا ياكى كېسەل تارقالسا، 38ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىللار ئىچىدىن مەيلى كىم بولسۇن، ئازابلىنىشىنىڭ ئۆز گۇناھلىرى سەۋەبىدىن ئىكەنلىكىنى بىلىپ، بۇ ئىبادەتخانىغا قاراپ، قوللىرىنى كۆتۈرۈپ دۇئا ۋە ئىلتىجا قىلسا، 39ئەرشتىكى دەرگاھىڭدا تۇرۇپ ئاڭلاپ، گۇناھلىرىنى كەچۈرۈم قىلغايسەن ۋە ھەربىر كىشىنىڭ قەلبىنى چۈشىنىپ، تۇتقان يولىغا قاراپ، ئۆز ھەققىنى بەرگەيسەن، چۈنكى سەنلا ئىنسانلارنىڭ قەلبىنى بىلىسەن. 40ئۇلارنىڭ سەن ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا ئاتا قىلغان زېمىندا ئولتۇرۇپ، ئۆمۈر بويى سەندىن ئەيمىنىشى ئۈچۈن شۇنداق قىلغايسەن.

41‏-42ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىللارغا تەۋە بولمىغان يات ئەل خەلقلىرى ئۇلۇغ نامىڭ ۋە ھەممىگە قادىر كۈچ-قۇدرىتىڭ توغرۇلۇق ئاڭلاپ، سېنىڭ نامىڭ ئۈچۈن يىراق يۇرتلاردىن بۇ ئىبادەتخانىغا كېلىپ دۇئا قىلسا، 43ئەرشتىكى دەرگاھىڭدا تۇرۇپ قۇلاق سېلىپ، يات ئەل خەلقلىرىنىڭ ساڭا قىلغان بارلىق ئىلتىجالىرىنى ئىجابەت قىلغايسەن. يەر يۈزىدىكى بارلىق خەلقلەرنى ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىلغا ئوخشاش سېنىڭ نامىڭنى بىلىدىغان، سەندىن ئەيمىنىدىغان ۋە مەن سالغان بۇ ئىبادەتخانىنىڭ سېنىڭ نامىڭغا بېغىشلانغانلىقىنى بىلىدىغان قىلغايسەن.

44ئەگەر سەن ئۆز خەلقىڭنى دۈشمەنلىرىگە قارشى جەڭ قىلىشقا نەگىلا ئەۋەتسەڭ، ئۇلار سەن تاللىغان بۇ شەھەرگە ۋە مەن سېنىڭ نامىڭغا سالغان بۇ ئىبادەتخانىغا قاراپ ساڭا دۇئا قىلسا، 45ئەرشتە تۇرۇپ ئۇلارنىڭ دۇئا ۋە ئىلتىجالىرىغا قۇلاق سېلىپ، ئۇلارغا ئادالەت كۆرسەتكەيسەن.

46ئۇلار ساڭا گۇناھ قىلغانلىقىدىن (گۇناھ قىلمايدىغان ئىنسان يوق) غەزىپىڭگە ئۇچراپ، دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالسا، دۈشمەنلەر ئۇلارنى مەيلى يىراق، ياكى يېقىن بولسۇن ئۆز يۇرتىغا تۇتقۇن قىلىپ ئېلىپ كەتسە، 47ئۇلار تۇتقۇن قىلىنىپ ئېلىپ كېتىلگەن يۇرتتا ھوشىنى تېپىپ توۋا قىلىپ، ساڭا: «بىز گۇناھ قىلدۇق، بىز خاتالاشتۇق، بىز يامانلىق قىلدۇق» دەپ رەھىم قىلىشىڭنى تىلەپ، 48ئۆزلىرىنى تۇتقۇن قىلغان دۈشمەنلەرنىڭ يۇرتىدا چىن قەلبى ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ساڭا يۈزلىنىپ، سەن ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىغا ئىنئام قىلىپ بەرگەن زېمىن تەرەپكە تىكىلىپ، سەن تاللىغان بۇ شەھەر ۋە مەن سېنىڭ نامىڭغا سالدۇرغان بۇ ئىبادەتخانىغا يۈزلىنىپ دۇئا قىلسا، 49سەن ئەرشتىكى دەرگاھىڭدا ئۇلارنىڭ دۇئاسى ۋە ئىلتىجاسىغا قۇلاق سېلىپ، ئۇلارغا ئادالەت كۆرسەتكەيسەن. 50خەلقىڭنىڭ ساڭا قىلغان گۇناھى ۋە ئىتائەتسىزلىكىنى كەچۈرۈپ، ئۇلارنى ئۆزلىرىنى تۇتقۇن قىلغۇچىلىرىدىن رەھىم-شەپقەتكە ئېرىشتۈرگەيسەن. 51چۈنكى ئۇلار سېنىڭ ئۆز خەلقىڭ، سېنىڭ مۈلكۈڭدۈر. ئۇلارنى مىسىردىن _ تۆمۈر تاۋلاش ئوچىقىدىن ئۆزۈڭ ئېلىپ چىققانسەن.

52كۆزۈڭنى ئېچىپ، مەن خىزمەتكارىڭ ۋە ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىللارغا نەزەر سالغايسەن، ئۇلارنىڭ ساڭا يالۋۇرۇپ قىلغان ئىلتىجالىرىغا قۇلاق سالغايسەن. 53ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، چۈنكى سەن ئۆزۈڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىققاندا خىزمەتكارىڭ مۇسا ئارقىلىق ئۇلارغا ۋەدە قىلغىنىڭدەك، ئۇلارنى يەر يۈزىدىكى خەلقلەر ئىچىدىن ئۆز مۈلكۈڭ بولۇشقا تاللىۋالغان ئەمەسمۇ؟

سۇلايمان پادىشاھنىڭ خەلققە بەخت تىلىشى

54‏-55سۇلايمان پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسى ئالدىدا تىزلىنىپ، ئىككى قولىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، پەرۋەردىگارغا دۇئا ۋە ئىلتىجا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئورنىدىن تۇرۇپ، پۈتۈن ئىسرائىل جامائىتىگە بەخت تىلەپ، يۇقىرى ئاۋازدا مۇنداق دېدى:

56_ قىلغان بارلىق ۋەدىلىرى بويىچە ئۆز خەلقى ئىسرائىللارغا ئارام بەرگەن پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانالار بولسۇن! ئۇنىڭ ئۆز خىزمەتكارى مۇسا ئارقىلىق قىلغان گۈزەل ۋەدىلىرىنىڭ ھېچبىرى ئەمەلگە ئاشماي قالمىدى. 57پەرۋەردىگارىمىز خۇدا خۇددى ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا يار بولغاندەك بىزگىمۇ يار بولغاي، بىزدىن ۋاز كەچمىگەي ھەم بىزنى تاشلىۋەتمىگەي. 58ئەكسىچە، قەلبىمىزنى ئۆزىگە مايىل قىلىپ، بىزنى ئۆزىنىڭ يولىدا ماڭىدىغان، ئۆزىنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا بۇيرۇغان ئەمرلىرى، قائىدە-نىزاملىرىگە رىئايە قىلىدىغان قىلغاي.

59مېنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا قىلغان بۇ دۇئا-ئىلتىجالىرىم كېچە-كۈندۈز پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ئېسىدە تۇرغاي، ئۇ ھەر كۈنى، ھەرقانداق ئەھۋالدا ئۆزىنىڭ خىزمەتكارىغا ۋە ئۆز خەلقى ئىسرائىللارغا ئادالەت كۆرسىتىپ، 60يەر يۈزىدىكى جىمى ئەللەرگە پەرۋەردىگار _ «ياھۋەھ»نىڭ بىردىنبىر ھەقىقىي خۇدا ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭدىن باشقا خۇدا يوقلۇقىنى بىلدۈرگەي.*

61سىلەر پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا جان-دىلىڭلار بىلەن سادىق بولۇشۇڭلار كېرەك. سىلەر ئۇنىڭ يولىدا مېڭىپ، ئەمر-پەرمانلىرىغا خۇددى بۈگۈنكىدەك رىئايە قىلىڭلار!

ئىبادەتخانا پەرۋەردىگارغا ئاتالغاندا قىلىنغان قۇربانلىقلار

62ئاندىن كېيىن پادىشاھ ۋە بارلىق ئىسرائىللار پەرۋەردىگار ئالدىدا قۇربانلىقلارنى تەقدىم قىلدى. 63سۇلايمان پادىشاھنىڭ پەرۋەردىگارغا تەقدىم قىلغان ئامانلىق قۇربانلىقى 22 مىڭ كالا، 120 مىڭ قوي بولدى. شۇنداق قىلىپ پادىشاھ ۋە پۈتكۈل ئىسرائىللار ئىبادەتخانىنى پەرۋەردىگارغا بېغىشلىدى. 64شۇ كۈنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى ئالدىدىكى تۇچتىن ياسالغان قۇربانلىق سۇپىسى بەك كىچىك كېلىپ قالغاچقا، كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە ئامانلىق قۇربانلىقىنىڭ يېغى پاتماي قالغانىدى، شۇڭا پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئالدىدىكى، ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يەرنى مۇقەددەس يەر قىلىپ بېكىتىپ، ئۇلارنى شۇ يەردە كۆيدۈردى.

65ئەنە شۇ چاغدا سۇلايمان پادىشاھ شىمالدا لىبو-خامات شەھىرىدىن تارتىپ جەنۇبتا تاكى مىسىر چېگراسىدىكى دەرياغىچە بولغان ئارىلىقتىن كەلگەن پۈتكۈل ئىسرائىللار بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ئالدىدا زور جامائەت بولۇپ توپلىنىپ، ئىككى كەررە يەتتە _ ئون تۆت كۈن كەپە تىكىش ھېيتى قىلدى. 66ئەتىسى پادىشاھ جامائەتنى ئۆيلىرىگە قايتۇردى. جامائەت پادىشاھ ئۈچۈن دۇئا قىلىپ، شاد-خۇراملىق ئىچىدە ئۆيلىرىگە قايتىشتى. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى داۋۇتقا ۋە ئۆز خەلقى ئىسرائىللارغا كۆرسەتكەن بارلىق مېھىر-شەپقىتىنى كۆرگەنلىكىدىن تولىمۇ سۆيۈندى ۋە خۇرسەن بولدى.



*60ياھۋەھ _ پەرۋەردىگارنىڭ خاس نامىدۇر.



 

9

پەرۋەردىگارنىڭ سۇلايمانغا يەنە بىر قېتىم زاھىر بولۇشى

1سۇلايمان پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى، پادىشاھلىق ئوردىسىنى ۋە ئۆزى قۇرۇشنى ئارمان قىلىپ كەلگەن ھەممە قۇرۇلۇشلارنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 2پەرۋەردىگار سۇلايمانغا خۇددى گىبئوندا زاھىر بولغاندەك، يەنە زاھىر بولدى. 3پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

_ سېنىڭ قىلغان دۇئا ۋە ئىلتىجايىڭنى ئاڭلىدىم. سەن سالغان بۇ ئىبادەتخانىنى ماڭا ئىبادەت قىلىدىغان جاي بولسۇن دەپ، مۇقەددەس قىلدىم. كۆزۈم ۋە قەلبىم ھەمىشە مۇشۇ يەردە بولىدۇ. 4ئەگەر سەن ئاتاڭ داۋۇتقا ئوخشاش ئالدىمدا ساداقەتمەنلىك ۋە ئادىللىق بىلەن ئىش كۆرسەڭ، ئەمرلىرىمنىڭ ھەممىسىگە ئىخلاس قىلىپ، قانۇن-بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلساڭ، 5ئاتاڭ داۋۇتقا: «ئىسرائىلىيە تەختىدە ئولتۇرۇشقا سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭدىن ئادەم كەم بولمايدۇ» دېگىنىمدەك، سېنىڭ ئىسرائىللارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان تەختىڭنى ئەبەدىلئەبەد مۇستەھكەم قىلىمەن. 6ئەمما سىلەر ياكى سىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىڭلار مەندىن يۈز ئۆرۈپ، مېنىڭ يولۇمنى تۇتمىسا، سىلەرگە بېكىتكەن قانۇن-بەلگىلىمىلىرىمگە رىئايە قىلماي، باشقا ئىلاھلارنىڭ يولىدا مېڭىپ، ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە بولسا ۋە ئۇلارغا چوقۇنسا، 7مەن ئۇلارنى ئۇلارغا بەرگەن بۇ زېمىندىن قوغلاپ چىقىرىمەن، ھەتتا ئۆز نام-شەرىپىم ئۈچۈن مۇقەددەس قىلغان بۇ ئىبادەتخانىنىمۇ كۆزۈمدىن يوقىتىمەن. ئۇلار جىمى خەلقلەر ئالدىدا ئىزا-ئاھانەت ۋە كۈلكىگە قالىدۇ. 8بۇ ئىبادەتخانا خارابىگە ئايلىنىپ، بۇ يەردىن ئۆتكەن-كەچكەنلەر ھەيران قالىدۇ ھەم مەسخىرە قىلىشىپ: «پەرۋەردىگار نېمىشقا بۇ زېمىننى ۋە ئىبادەتخانىنى بۇ ھالغا كەلتۈرۈپ قويغاندۇ؟» دەپ سورىشىدۇ. 9كىشىلەر: «چۈنكى ئۇلار ئاتا-بوۋىلىرىنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگارى خۇدادىن ۋاز كېچىپ، باشقا ئىلاھلارغا ئەگىشىپ، ئۇلارغا چوقۇنغان ۋە ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقان، شۇڭا پەرۋەردىگار بۇ بالايىئاپەتلەرنى ئۇلارنىڭ بېشىغا ياغدۇرغان» دەپ جاۋاب بېرىشىدۇ.

سۇلايماننىڭ ھىرامغا يىگىرمە شەھەر ئىنئام قىلىشى

10سۇلايمان پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى بىلەن پادىشاھ ئوردىسىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى يۈرۈش ئىمارەتنى سالدۇرۇشقا 20 يىل ۋاقىت سەرپ قىلغان. 11سۇلايمان پادىشاھنىڭ خاھىشى بويىچە تىر پادىشاھى ھىرام ئۇنى كېدىر ياغىچى، قارىغاي ياغىچى ۋە ئالتۇنلار بىلەن تەمىنلىگەچكە، سۇلايمان پادىشاھ ئۇنىڭغا جەلىلىيەدىكى يىگىرمە شەھەرنى بەردى. 12بىراق ھىرام پادىشاھ تىردىن چىقىپ، سۇلايمان پادىشاھ بەرگەن شەھەرلەرنى كۆرۈپ، ئانچە ياراتمىدى. 13ئۇ: «بۇرادەر، ماڭا تەقدىم قىلغان شەھەرلىرىڭ شۇمۇ؟» دېدى ۋە بۇ شەھەرلەر جايلاشقان زېمىنغا «قابۇل» [مەنىسى «ھېچنېمىگە ئەرزىمەس»] دەپ نام بەردى. بۇ زېمىن تاكى ھازىرغىچە شۇ نام بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە. 14ھىرام پادىشاھ سۇلايمان پادىشاھقا تۆت توننا ئالتۇن تەقدىم قىلغانىدى.

سۇلايمان قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر

15تۆۋەندىكىلەر سۇلايمان پادىشاھنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئوردىسىنى سالدۇرۇپ، يېرۇسالېمدىكى تىندۇرۇلغان يەرنى ۋە سېپىلنى ھەمدە خازور، مىگىددو، گەزەر شەھەرلىرىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ھاشارغا ئادەم ئالغانلىقىنىڭ خاتىرىسىدۇر: 16(بۇرۇن پىرئەۋن گەزەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى ئالغاندىن كېيىن، ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋەتكەن، شەھەردىكى كەنئانلىقلارنى ئۆلتۈرۈپ، شەھەرنى سۇلايمان پادىشاھقا ياتلىق قىلغان قىزىغا سوۋغات قىلىپ بەرگەنىدى. 17سۇلايمان پادىشاھ گەزەرنى قايتىدىن قۇرۇپ، ئاستىن بەيت-خورون، 18بائالات ۋە چۆلگە جايلاشقان تامارنى مۇستەھكەملىدى. 19شۇنىڭدەك ئۇ ئۆزىنىڭ ئامبارلىرى بار ھەممە شەھەرلىرىنى، جەڭ ھارۋىلىرى ساقلىنىدىغان، ھارۋىلىق لەشكەرلەر تۇرىدىغان شەھەرلەرنى قۇردى ھەمدە يېرۇسالېمدا، لىۋان تاغلىرىدا ۋە ئۆزى ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ھەرقايسى جايلاردا نېمىنى خالىسا، شۇنى سالدۇردى.)

20ئىسرائىللاردىن بولمىغان ئامورلار، خىتلار، پەرىززىلەر، خىۋلار بىلەن يىبۇسلاردىن قېلىپ قالغانلارنى ھاشارغا تۇتتى. 21ئىسرائىللار ئۇلارنى تەلتۆكۈس يوقىتىۋېتەلمىگەنلىكتىن، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ھېلىمۇ شۇ زېمىندا ياشىماقتا. سۇلايمان پادىشاھ ئۇلارنى ھاشارچى قىلغان بولۇپ، ئۇلار تاكى ھازىرغىچە ھاشارچى بولۇپ ياشىماقتا. 22سۇلايمان پادىشاھ ئىسرائىللارنى ھاشارچى قىلماي، ئۆزىگە جەڭچى، خىزمەتكار، ئەمەلدار، لەشكەر باشلىقى، جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ سەركەردىلىرى ۋە ھارۋىلىق لەشكەرلىرى قىلدى. 23سۇلايماننىڭ ئىشلەمچىلەرنى نازارەت قىلىدىغان ۋە ئىشنىڭ بېشىدا تۇرىدىغان 550 نەپەر ئەمەلدارلىرى بار ئىدى.

24پىرئەۋننىڭ قىزى داۋۇت شەھىرىدىن سۇلايمان پادىشاھ ئۆزىگە سېلىپ بەرگەن سارايغا كۆچۈپ كەلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن سۇلايمان پادىشاھ يېرۇسالېمدىكى تىندۇرۇلغان يەرنى چىڭدىدى.

25سۇلايمان پادىشاھ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سالدۇرغان قۇربانلىق سۇپىسىدا ھەر يىلى ئۈچ قېتىم كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى تەقدىم قىلاتتى. ئۇ يەنە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئىسرىق سالاتتى. ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشى شۇ تەرىقىدە پۈتكەنىدى.

26سۇلايمان پادىشاھ يەنە ئىدومدىكى قىزىل دېڭىز بويىدا، يەنى ئېلاتقا يېقىن ئەزيون-گەبەردە بىر قاتار كېمە ياساتقۇزدى. 27‏-28ھىرام پادىشاھ ئۆزىنىڭ كېمىلىرى ۋە تەجرىبىلىك دېڭىزچىلىرىنى سۇلايمان پادىشاھنىڭ ئادەملىرى بىلەن بىرگە ئوفىر زېمىنىغا ئەۋەتتى. ئۇلار ئۇ يەرگە بېرىپ، 14 توننا ئالتۇننى سۇلايمان پادىشاھقا ئېلىپ كەلدى.


10

شىبا ئايال پادىشاھىنىڭ سۇلايمان پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈشى

1شىبانىڭ* ئايال پادىشاھى سۇلايمان پادىشاھنىڭ داڭ چىقىرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا شان-شەرەپ ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنى قىيىن سوئاللار بىلەن سىناپ بېقىش ئۈچۈن زىيارەتكە كەلدى. 2ئۇ ئۆزىنىڭ نۇرغۇن ھەمراھلىرىنى ئېلىپ، تۆگىلەرگە ئىنتايىن كۆپ خۇشبۇي ماددىلار، ئالتۇن ۋە ئېسىل تاشلارنى ئارتىپ، يېرۇسالېمغا كەلگەنىدى. ئۇ سۇلايمان پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن كۆڭلىگە پۈكۈپ قويغان قىيىن سوئاللارنىڭ ھەممىسىنى سورىدى. 3سۇلايمان پادىشاھ ئۇنىڭ سوئاللىرىنىڭ ھەممىسىگە جاۋاب بەردى، ئۇنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىشتە بىرەر قېتىممۇ قىينالمىدى. 4شىبانىڭ ئايال پادىشاھى سۇلايمان پادىشاھتىكى دانالىق ۋە ئۇ قۇرغان ئوردا-سارايلار، 5شىرەگە تىزىلغان نازۇنېمەتلەر، ئەمەلدارلارنىڭ ئۆز مەنسەپلىرى بويىچە ئولتۇرۇشلىرى، خىزمەتكارلارنىڭ كۈتۈشلىرى، ئۇلارنىڭ كىيىنىشلىرى، پادىشاھنىڭ ساقىيلىرى ۋە سۇلايمان پادىشاھنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا تەقدىم قىلغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىنى كۆرۈپ، ناھايىتى ھەيران قېلىپ، 6پادىشاھقا مۇنداق دېدى:

_ مەن ئۆز مەملىكىتىمدە ئۆزلىرى قىلغان ئىشلار ۋە دانالىقلىرى توغرۇلۇق ئاڭلىغانلىرىم راست ئىكەن. 7مەن ئىلگىرى بۇ گەپلەرگە ئانچە ئىشەنمەپتىكەنمەن، بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىنلا ئاڭلىغانلىرىمنىڭ ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنلىرىمنىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمەيدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ دانالىق ۋە بايلىقلىرىنىڭ مېنىڭ ئاڭلىغانلىرىمدىن نەچچە ھەسسە زىيادە ئىكەنلىكىنى بىلدىم. 8ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە خىزمەتكارلىرى ھەمىشە ئالدىلىرىدا تۇرۇپ ھېكمەتلىرىنى ئاڭلىيالايدىكەن، ئۇلار نەقەدەر بەختلىك-ھە! 9پەرۋەردىگارلىرى خۇداغا ھەمدۇسانالار بولسۇن! ئۇ ئۆزلىرىدىن سۆيۈنۈپ، سىلىنى ئىسرائىلىيە تەختىگە ئولتۇرغۇزغانىكەن. پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا بولغان مۇھەببىتى مەڭگۈلۈك بولغاچقا، ئۆزلىرىنى ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدىغان پادىشاھ بولۇشقا تىكلىگەنىكەن.

10شىبانىڭ ئايال پادىشاھى سۇلايمان پادىشاھقا تۆت مىڭ كىلو ئالتۇن، نۇرغۇنلىغان خۇشبۇي ماددىلار ۋە ئېسىل تاشلارنى تەقدىم قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ھېچكىممۇ شىبانىڭ ئايال پادىشاھى سۇلايمان پادىشاھقا ئەكەلگەندەك ئۇنچىۋالا كۆپ خۇشبۇي ماددىلارنى ئېلىپ كەلگەن ئەمەس.

11بۇنىڭدىن باشقا، ھىرام پادىشاھنىڭ ئوفىردىن ئالتۇن ئېلىپ كەلگەن كېمىلىرى يەنە ئۇ يەردىن نۇرغۇن ئېسىل ياغاچ ۋە تاشلارنى ئېلىپ كەلگەن. 12سۇلايمان پادىشاھ ئاشۇ ئېسىل ياغاچتىن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ۋە ئۆز ئوردىسىنىڭ رېشاتكىلىرىنى ھەم ناخشىچىلار ئۈچۈن لىرا ۋە چىلتارلارنى ياساتقۇزغان. شۇنىڭدىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە ھېچكىم ئۇنچىلىك كۆپ ئېسىل ياغاچ كەلتۈرۈپ باققان ۋە كۆرۈپ باققان ئەمەس.

13سۇلايمان پادىشاھ شىبانىڭ ئايال پادىشاھىغا ياندۇرۇپ ناھايىتى جىق سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلىپلا قالماستىن، يەنە ئۇنىڭغا ئۇ خالىغان ۋە سورىغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن ئايال پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۆز ئېلىگە قايتىپ كەتتى.

سۇلايمان پادىشاھنىڭ بايلىقى

14سۇلايمان پادىشاھقا ھەر يىلى 23 توننا ئالتۇن كېلىپ تۇراتتى. 15ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ يەنە سودىگەرلەر ۋە تىجارەتچىلەردىن، ئەرەب پادىشاھلىرى ۋە مەملىكەت ئىچىدىكى ھۆكۈمدارلاردىنمۇ ئالتۇنلارنى تاپشۇرۇۋالاتتى. 16سۇلايمان پادىشاھ چوڭ قالقاندىن 200نى سوقتۇرغان بولۇپ، ھەربىرىگە يەتتە كىلودىن ئالتۇن ئىشلىتىلگەنىدى. 17ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە ھەربىرىگە ئاز كەم ئىككى كىلو ئالتۇن ئىشلىتىلگەن كىچىك قالقاندىن 300نى ياسىتىپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى «لىۋان ئورمان سارىيى»غا جايلاشتۇردى. 18سۇلايمان پادىشاھ يەنە پىل چىشى ۋە تاۋلانغان ئالتۇندىن بېزەلگەن چوڭ بىر تەخت ياساتتى. 19تەختكە چىقىدىغان ئالتە پەلەمپەي بار ئىدى. يۆلەنچۈكىنىڭ ئۈستى تەرىپى كەينىگە ئەگمە قىلىپ ياسالغان بولۇپ، ئىككى تەرىپىدە بىردىن قول قويغۇچ بار ئىدى. قول قويغۇچنىڭ يېنىدا بىردىن ئۆرە تۇرغان شىرنىڭ ھەيكىلى بار ئىدى. 20ئالتە پەلەمپەينىڭ ھەربىرىنىڭ ئىككى تەرىپىدە بىردىن، جەمئىي 12 شىرنىڭ ھەيكىلى بار بولۇپ، باشقا ھېچقانداق پادىشاھلىقنىڭ تەختى بۇنداق ھەيۋەتلىك بېزەلگەن ئەمەستۇر.

21سۇلايمان پادىشاھنىڭ ئىچىملىك ئىچىدىغان قاچا-قۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى ئالتۇندىن ئىدى. «لىۋان ئورمان سارىيى» ئىچىدىكى بۇيۇملارنىڭ ھەممىسى كۈمۈشتىن ئەمەس، بەلكى ساپ ئالتۇندىن ئىدى. سۇلايمان پادىشاھنىڭ دەۋرىدە كۈمۈش ئەرزىمەس نەرسە بولۇپ قالغانىدى. 22سۇلايمان پادىشاھنىڭ ئۇزۇن يوللۇق كاتتا كېمىلىرى ھىرام پادىشاھنىڭ كېمىلىرى بىلەن بىللە دېڭىزدا يۈرۈپ، ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم ئالتۇن-كۈمۈش، پىل چىشى، ئىت باش مايمۇن ۋە باشقا مايمۇنلارنى ئەكېلىپ تۇراتتى. 23سۇلايمان پادىشاھنىڭ بايلىقى ۋە دانالىقى دۇنيادىكى باشقا بارلىق پادىشاھلارنىڭكىدىن ئېشىپ كەتكەنىدى. 24دۇنيادىكى خەلقلەرنىڭ ھەممىسى: «سۇلايمان پادىشاھنى كۆرسەك، خۇدا ئۇنىڭ كۆڭلىگە سالغان ھېكمەتلەرنى ئاڭلىساق» دەپ ئارزۇ قىلاتتى. 25ھەر يىلى كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ تارتۇقلىرىنى، يەنى ئالتۇن-كۈمۈش قاچىلار، تون-سەرپايىلار، قورال-ياراغلار، خۇشبۇي ماددىلار، ئات ۋە قېچىر قاتارلىقلارنى ئېلىپ كېلەتتى.

26سۇلايمان پادىشاھ جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن ئاتلارنى يىغدۇردى. ئۇنىڭ 1400 جەڭ ھارۋىسى، 12 مىڭ ئېتى بار ئىدى. ئۇ ئۇلارنى جەڭ ھارۋىلىرى تۇرىدىغان شەھەرلەرگە ۋە ئۆزى تۇرىدىغان يېرۇسالېمغا جايلاشتۇردى. 27سۇلايمان پادىشاھ يېرۇسالېمدا كۈمۈشنى خۇددى تاشتەك، كېدىر ياغىچىنى خۇددى غەربىي ئېدىرلىقتىكى ياۋا ئەنجۈر دەرەخلىرىدەك كۆپەيتىۋەتتى. 28سۇلايمان پادىشاھنىڭ ئاتلىرى مىسىردىن ۋە كىلىكىيەدىن كەلتۈرۈلەتتى. پادىشاھنىڭ سودىگەرلىرى ئاتلارنى كىلىكىيەدىن مۇقىم باھادا سېتىۋالاتتى. 29مىسىردىن كەلتۈرۈلگەن ھارۋىلارنىڭ ھەربىرىنىڭ باھاسى يەتتە كىلو كۈمۈش، ئاتنىڭ ھەربىرىنىڭ باھاسى ئاز كەم ئىككى كىلو كۈمۈش ئىدى. سۇلايمان پادىشاھنىڭ سودىگەرلىرى ئۇ نەرسىلەرنى خىتلار ۋە ئارراملارنىڭ بارلىق پادىشاھلىرىغا سېتىشاتتى.



*1شىبا _ قەدىمكى زاماندىكى ئەرەب يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان بىر جاي بولۇشى مۇمكىن.



 

11

سۇلايماننىڭ پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈشى

1سۇلايمان پادىشاھ پىرئەۋننىڭ قىزىدىن باشقا يەنە نۇرغۇن يات ئەلنىڭ ئاياللىرىغا، يەنى موئابلىق، ئاممونلۇق، ئىدوملۇق، سىدونلۇق ۋە خىتلىق ئاياللارغا ئاشىق بولدى. 2پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنى بۇ يات ئەلنىڭ ئادەملىرى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇپ: «سىلەر ئۇ ئەللەرنىڭ ئادەملىرى بىلەن ئارىلىشىپ، نىكاھلانساڭلار بولمايدۇ، بولمىسا ئۇلار جەزمەن قەلبىڭلارنى مايىل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىلاھلىرىغا ئىشەندۈرۈپ كېتىدۇ» دېگەن بولسىمۇ، لېكىن سۇلايمان دەل ئەنە شۇ يات ئەللەرنىڭ ئاياللىرىغا ئاشىق بولدى. 3سۇلايمان پادىشاھنىڭ ئېسىل ئائىلىلەردىن بولغان 700 خوتۇنى، 300 توقىلى بار ئىدى. ئۇلار سۇلايماننى ئازدۇردى. 4سۇلايماننىڭ قېرىشىغا ئەگىشىپ، خوتۇنلىرى ئۇنى ئازدۇرۇپ، باشقا ئىلاھلارغا ئىشەندۈرۈپ كەتتى. ئۇ ئاتىسى داۋۇت پەرۋەردىگار خۇداغا جان-دىلى بىلەن سادىق بولغاندەك سادىق بولمىدى. 5سۇلايمان سىدونلۇقلارنىڭ ئايال ئىلاھى ئاشتورەت بىلەن ئاممونلارنىڭ يىرگىنچلىك ئىلاھى مولەككە چوقۇنۇپ، 6پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى، پەرۋەردىگارغا ئاتىسى داۋۇت ئەگەشكەندەك تولۇق ئەگەشمىدى. 7سۇلايمان موئابلارنىڭ يىرگىنچلىك ئىلاھى كىموش بىلەن ئاممونلارنىڭ يىرگىنچلىك ئىلاھى مولەككە ئاتاپ، يېرۇسالېمنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى تاغدا بىر سەجدىگاھ سالدۇردى. 8ئۇ يات ئەللەردىن ئالغان ھەممە خوتۇنلىرىنىڭ ئۆز ئىلاھلىرىغا ئىسرىق سېلىپ، قۇربانلىق قىلىشلىرى ئۈچۈن ئۇلارغىمۇ بۇتخانىلارنى سالدۇرۇپ بەردى.

پەرۋەردىگارنىڭ سۇلايمانغا غەزەپلىنىشى

9سۇلايمان ئۆزىگە ئىككى قېتىم زاھىر بولغان، ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدادىن يۈز ئۆرۈگەچكە، پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭغا غەزىپى كەلدى. 10بۇ ئىش توغرۇلۇق پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: «باشقا ئىلاھلارغا ئەگەشمە» دەپ بۇيرۇغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقىغا ئېرەن قىلمىدى. 11شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار سۇلايمانغا مۇنداق دېدى:

_ ئىسرائىللار بىلەن تۈزگەن ئەھدەمگە ۋە ساڭا بۇيرۇغان ئەمر-پەرمانلىرىمغا رىئايە قىلماي بۇ ئىشلارنى قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن، جەزمەن پادىشاھلىقىڭنى تارتىۋېلىپ، ئۇنى بىر خىزمەتكارىڭغا ئۆتكۈزۈپ بېرىمەن. 12لېكىن ئاتاڭ داۋۇتنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ، بۇ ئىشنى سەن ھايات چاغدا قىلمايمەن. پادىشاھلىقىڭنى سېنىڭ ئوغلۇڭنىڭ قولىدىن تارتىۋالىمەن. 13مەن تاللىغان يېرۇسالېم ۋە خىزمەتكارىم داۋۇتنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ، پادىشاھلىقنى پۈتۈنلەي تارتىۋالماستىن، ئوغلۇڭغا بىر قەبىلىنى قالدۇرىمەن.

14شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار سۇلايمان پادىشاھقا قارشى چىقىدىغان بىرەيلەننى ئوتتۇرىغا چىقاردى، ئۇ ئىدوم پادىشاھىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان ھاداد ئىدى. 15ئىلگىرى داۋۇت پادىشاھ ئىدومنى مەغلۇپ قىلغانىدى. شۇ چاغدا قوشۇننىڭ باش سەركەردىسى يوئاب جەڭدە قۇربان بولغان ئىسرائىللارنى دەپنە قىلغىلى بېرىپ، ئىدومدىكى بارلىق ئەركەكلەرنى قىرىپ تاشلىغانىدى. 16يوئاب ۋە ئىسرائىلىيە قوشۇنلىرى ئۇ يەردە تاكى ئىدومدىكى بارلىق ئەركەكلەرنى قىرىپ تۈگەتكۈچە ئالتە ئاي تۇرغانىدى. 17بىراق ھاداد ئاتىسىنىڭ بىرقانچە ئىدوملۇق خىزمەتكارى بىلەن مىسىرغا قېچىپ بېرىۋالغان بولۇپ، ئۇ چاغدا ئۇ تېخى كىچىك بالا ئىدى. 18ئۇلار مىسىرغا يېتىپ بېرىش ئۈچۈن مىديان رايونىدىن ئۆتۈپ، پاران چۆلىگە كەلگەندە، ئۇ يەردىن يەنە بىرقانچە ئادەم ئېلىۋېلىشتى. مىسىرغا يېتىپ كەلگەندە پىرئەۋن بىلەن كۆرۈشتى. پىرئەۋن قول ئاستىدىكىلەرگە ئۇنىڭغا ئۆي، ئوزۇقلۇق بېرىشنى بۇيرۇغان ۋە بىر پارچە يەرنى ئىنئام قىلىپ بەرگەن.

19ھاداد پىرئەۋننىڭ ئالدىدا ناھايىتى كۆپ ئىلتىپاتقا ئېرىشكەن، ھەتتا پىرئەۋن ئۆز قېيىنسىڭلىسى، يەنى خانىش تاخپىنېسنىڭ بىر سىڭلىسىنى ئۇنىڭغا بەرگەن. 20ئۇ تاخپىنېسنىڭ سىڭلىسىدىن بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپ، ئۇنىڭغا گىنۇبات دەپ ئات قويغان. تاخپىنېس بالىنى پىرئەۋننىڭ ئوردىسىدا چوڭ قىلغان. گىنۇبات پىرئەۋننىڭ ئوغۇللىرى بىلەن بىرلىكتە ئوردىدا تۇراتتى.

21ھاداد مىسىردا تۇرۇپ، داۋۇت پادىشاھنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنى، ئىسرائىلىيە قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى يوئابنىڭمۇ ئۆلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، پىرئەۋندىن:

_ ئۆز ئېلىمگە قايتىشىمغا ئىجازەت بېرىشلىرىنى سورايمەن، _ دەپ ئۆتۈندى.

22پىرئەۋن ئۇنىڭغا:

_ «ئۆز ئېلىمگە قايتىشىمغا ئىجازەت بەرسىلە» دەيسەن، بۇ يەردە ساڭا بىرەر نەرسە كەم بولۇپ قالدىمۇ؟ _ دېدى.

ئۇ:

_ كەم بولۇپ قالغان بىرەر نەرسە يوق، قانداقلا بولمىسۇن ئۆز ئېلىمگە قايتىشىمغا ئىجازەت بەرگەيلا، _ دەپ تۇرۇۋالدى.

23خۇدا ئەليادانىڭ ئوغلى رىزوننىمۇ سۇلايمان پادىشاھقا دۈشمەن قىلىپ قويدى. ئۇ غوجايىنى زوباھنىڭ پادىشاھى ھادادئەزەرنىڭ يۇرتىدىن قېچىپ چىققانىدى. 24داۋۇت پادىشاھ زوباھلىقلارنى مەغلۇپ قىلغاندا، رىزون بىر تۈركۈم كىشىلەرنى توپلاپ، ئۆزى بۇ قاراقچىلارنىڭ ئاتامانى بولۇپ، دەمەشققە بېرىپ، ھۆكۈمرانلىقىنى تۇرغۇزغانىدى. 25ئۇ پۈتكۈل ئارراملار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈپ، ھادادقا ئوخشاش يامانلىق قىلىپ، ئىسرائىللارغا ئۆچمەنلىك قىلاتتى. رىزون سۇلايمان پادىشاھ ھايات چېغىدا ئىزچىل تۈردە ئىسرائىلىيەگە قارشى چىقىپ كەلگەنىدى.

خانىدانلىقنىڭ بۆلۈنۈشى ھەققىدە بېشارەت

26سۇلايمان پادىشاھنىڭ خىزمەتكارى _ نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئاممۇ پادىشاھقا قارشى كۆتۈرۈلۈپ چىقتى. ئۇ ئەفرايىم قەبىلىسىدىن بولۇپ، زىرېدا شەھىرىدىن ئىدى. ئانىسىنىڭ ئىسمى زىرۇئا بولۇپ، بىر تۇل خوتۇن ئىدى. 27ئۇ سۇلايمان پادىشاھقا قارشى چىقىشتىن بۇرۇن مۇنداق ئىشلار بولغان: سۇلايمان پادىشاھ تىندۇرۇلغان يەرنى چىڭداپ، ئاتىسى داۋۇتنىڭ نامىغا ئاتالغان «داۋۇت شەھىرى» سېپىلىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى ئوڭشاۋاتاتتى. 28ياروبئام دېگەن بۇ يىگىت ئىنتايىن ئىقتىدارلىق ئادەم ئىدى. سۇلايمان پادىشاھ ئۇنىڭ ناھايىتى تىرىشچان ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنى يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى، يەنى ئەفرايىم ۋە ماناسسە قەبىلىسىگە تەۋە بولغان بارلىق ھاشارچىلارنى باشقۇرۇشقا قويدى.

29بىر كۈنى ياروبئام يېرۇسالېمدىن چىققاندا، شىلولۇق ئاخىيا پەيغەمبەر يولدا ئۇنىڭغا يولۇقتى. ئاخىيا يېڭى تون كىيگەن بولۇپ، دالىدا شۇ ئىككىيلەنلا بار ئىدى. 30ئاخىيا ئۈستىدىكى يېڭى تونىنى سېلىپ، يىرتىپ، ئون ئىككى پارچە قىلىپ، 31ياروبئامغا مۇنداق دېدى:

_ سەن بۇ ئون پارچىنى ئال! ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدا ساڭا مۇنداق دەيدۇ: «بىلىپ قويغىنكى، پادىشاھلىقنى پارچىلاپ، سۇلايماننىڭ قولىدىن تارتىۋېلىپ، ئون قەبىلىنى ساڭا بېرىمەن. 32لېكىن خىزمەتكارىم داۋۇتنىڭ ۋە ئىسرائىل قەبىلىلىرىگە تەۋە شەھەرلەردىن تاللىغان يېرۇسالېمنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ، سۇلايماندا يەنىلا بىر قەبىلە قالىدۇ. 33سۇلايمان مەندىن ۋاز كېچىپ، سىدونلۇقلارنىڭ ئايال ئىلاھى ئاشتورەت، موئابلارنىڭ ئىلاھى كىموش ۋە ئاممونلارنىڭ ئىلاھى مولەككە چوقۇنۇپ، مېنىڭ يولۇمنى تۇتمىغانلىقى، نەزىرىمدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلماي، مېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىم ۋە قائىدە-تۈزۈملىرىمگە ئاتىسى داۋۇت رىئايە قىلغاندەك رىئايە قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، پادىشاھلىقنى سۇلايماننىڭ قولىدىن تارتىۋالىمەن. 34شۇنداقتىمۇ پۈتكۈل پادىشاھلىقنى ئۇنىڭ قولىدىن تارتىۋالماستىن، بەلكى ئۇنى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە پادىشاھلىقىدا تۇرغۇزىمەن. چۈنكى مەن تاللىغان خىزمەتكارىم داۋۇت مېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىمغا رىئايە قىلغان. 35مەن پادىشاھلىقنى ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىپ، ئون قەبىلىنى ساڭا تەقدىم قىلىمەن. 36شۇنداقتىمۇ مەن سۇلايماننىڭ ئوغلىغا بىر قەبىلىنى بېرىپ، ماڭا ئىبادەت قىلىشقا تاللىغان شەھەر يېرۇسالېمدا خىزمەتكارىم داۋۇتنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرۈپ قويمايمەن. 37مەن سېنى ئۆزۈڭ ئارزۇ قىلغاندەك، ئىسرائىلىيەگە ھۆكۈمران قىلىپ، پادىشاھ بولۇشقا تاللىدىم. 38ئەگەر ئەمرلىرىمنىڭ ھەممىسىگە بويسۇنۇپ، يولۇمنى تۇتۇپ، مېنىڭ نەزىرىمدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلىپ، مېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىمغا خىزمەتكارىم داۋۇتتەك رىئايە قىلساڭ، مەن ساڭا يار بولۇپ، داۋۇتقا قۇرۇپ بەرگىنىمگە ئوخشاش ساڭىمۇ مۇستەھكەم بىر خانىدانلىق قۇرۇپ بېرىمەن ھەمدە ئىسرائىلىيەنى ساڭا تەقدىم قىلىمەن. 39سۇلايماننىڭ بۇتپەرەسلىكى تۈپەيلىدىن داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئاجىز قىلىمەن، بىراق بۇ مەڭگۈلۈك بولمايدۇ.»

40شۇنىڭدىن كېيىن سۇلايمان پادىشاھ ياروبئامنى ئۆلتۈرمەكچى بولدى. لېكىن ياروبئام پىرئەۋن شىشاقنىڭ يېنىغا قېچىپ بېرىپ، تاكى سۇلايمان پادىشاھ ۋاپات بولغانغا قەدەر مىسىردا تۇردى.

41سۇلايمان پادىشاھنىڭ باشقا ئىش-ئىزلىرى، بارلىق پائالىيەتلىرى ۋە دانالىقى «سۇلايمان پادىشاھ تەزكىرىسى»گە پۈتۈلگەن. 42سۇلايمان پادىشاھ يېرۇسالېمدا پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە 40 يىل پادىشاھ بولدى. 43سۇلايمان ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قېشىغا كېتىپ، ئاتىسى داۋۇتنىڭ نامىدا ئاتالغان «داۋۇت شەھىرى»دە دەپنە قىلىندى. ئوغلى رىخوبئام ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.


12

شىمالىي قەبىلىلەرنىڭ ئۆكتە قوپۇشى

1شىمالدىكى بارلىق ئىسرائىل خەلقى رىخوبئامنى پادىشاھ قىلىش ئۈچۈن شەكەم شەھىرىگە يىغىلدى. رىخوبئاممۇ ئۇ يەرگە كەلدى. 2نىباتنىڭ مىسىردا تۇرۇۋاتقان ئوغلى ياروبئام بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تېپىپ، مىسىردىن ئىسرائىلىيەگە قايتىپ كەلدى. (ئۇ سۇلايمان پادىشاھنىڭ ۋاقتىدا سۇلايماندىن قېچىپ، مىسىرغا كەتكەنىدى.) 3شىمالدىكى ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئاقساقاللىرى ياروبئامنى چاقىرىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە رىخوبئامنىڭ قېشىغا كەتتى. ئۇلار ئۇنىڭغا:

4_ ئاتىلىرى سۇلايمان پادىشاھ بىزگە ئېغىر بويۇنتۇرۇق سالغانىدى. ئەمدى بىز سىلىدىن ئاتىلىرى بىزگە سالغان ئېغىر ئالۋان-ياساق ۋە بويۇنتۇرۇقلارنى يېنىكلىتىشلىرىنى ئۆتۈنىمىز. شۇنداق قىلسىلا، سىلىنىڭ خىزمەتلىرىدە بولىمىز، _ دېيىشتى.

5_ سىلەر ھازىرچە قايتىپ كېتىپ، ئۈچ كۈندىن كېيىن مەن بىلەن كۆرۈشكىلى كېلىڭلار، _ دېدى رىخوبئام. شۇنىڭ بىلەن خەلق قايتىپ كېتىشتى.

6رىخوبئام پادىشاھ ئاتىسى سۇلايمان ھايات چېغىدا ئۇنىڭ ئالدىدا خىزمىتىنى قىلغان مويسىپىتلاردىن مەسلىھەت سوراپ:

_ بۇ خەلققە قانداق جاۋاب بېرەي، _ دېدى.

7_ ئەگەر سىلى بۈگۈن بۇ خەلقنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ، ئۇلارغا ياخشى گەپلەرنى قىلسىلا، ئۇلار مەڭگۈ سىلىنىڭ خىزمەتلىرىدە بولىدۇ، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى مويسىپىتلار.

8لېكىن رىخوبئام مويسىپىتلارنىڭ مەسلىھەتىنى قوبۇل كۆرمەي، ئۆزى بىلەن بىللە چوڭ بولغان، ئۆز ھۇزۇرىدا خىزمىتىنى قىلىپ كېلىۋاتقان ياشلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۇلاردىن:

9_ خەلق ماڭا: «ئاتىلىرى بىزگە سالغان ئېغىر بويۇنتۇرۇقنى يېنىكلىتىشلىرىنى ئۆتۈنىمىز» دېيىشىۋاتىدۇ. بۇ خەلققە قانداق جاۋاب بەرسەك بولار؟ سىلەرنىڭ مەسلىھەتىڭلار قانداق؟ _ دەپ سورىدى.

10ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە چوڭ بولغان ياشلار ئۇنىڭغا:

_ بۇ خەلق ئۆزلىرىگە: «ئاتىلىرى بىزنىڭ بويۇنتۇرۇقىمىزنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەنىدى، لېكىن سىلىنىڭ ئۇنى يېنىكلىتىپ بېرىشلىرىنى ئۆتۈنىمىز» دەپتۇ. ئەمدى سىلى ئۇلارغا: «مېنىڭ چىمچىلىقىم ئاتامنىڭ بېلىدىنمۇ توم! 11ئاتام سىلەرگە ئېغىر بويۇنتۇرۇق سالغان بولسا، مەن ئۇنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىمەن. ئاتام سىلەرنى قامچا بىلەن ساۋىغان بولسا، مەن سىلەرنى چايانلارغا چاقتۇرىمەن» دېسىلە، _ دەپ جاۋاب بەردى.

12رىخوبئام پادىشاھنىڭ «ئۈچ كۈندىن كېيىن كېلىپ، مەن بىلەن كۆرۈشۈڭلار» دېگىنى بويىچە، ياروبئام خەلق بىلەن بىللە ئۈچىنچى كۈنى رىخوبئام پادىشاھ بىلەن كۆرۈشكىلى كەلدى. 13رىخوبئام پادىشاھ كۆپچىلىككە كەسكىن جاۋاب بەردى. ئۇ مويسىپىتلارنىڭ بەرگەن مەسلىھەتىگە پىسەنت قىلماي، 14بەلكى ياشلارنىڭ بەرگەن مەسلىھەتى بويىچە ئۇلارغا:

_ ئاتام سىلەرنىڭ بويۇنتۇرۇقۇڭلارنى ئېغىرلاتقان بولسا، مەن ئۇنى تېخىمۇ ئېغىرلىتىمەن. ئاتام سىلەرنى قامچا بىلەن ساۋىغان بولسا، مەن سىلەرنى چايانلارغا چاقتۇرىمەن! _ دېدى.

15شۇنداق قىلىپ رىخوبئام پادىشاھ ئاممىنىڭ ئۆتۈنۈشىگە قۇلاق سالمىدى. بۇ ئىش بىلەن پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ شىلولۇق ئاخىيا ئارقىلىق نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامغا ئېيتقان گېپىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا يول ھازىرلىدى.

16شىمالىي قەبىلىلەردىن كەلگەن ئىسرائىللار رىخوبئام پادىشاھنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئۆتۈنۈشىنى ئاڭلىمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا:

«يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇتنىڭ بىزگە ئۆتكۈزۈپ قويغىنى يوق،

ھەم بىزنىڭ ئۇنىڭدا قەرزىمىز يوق.

ھەي ئىسرائىللار، ھەممىمىز ئۆز ئۆيلىرىمىزگە قايتايلى!

ئەي داۋۇتنىڭ ئەۋلادى، ئۆز خانىدانلىقىڭلارغا ئۆزۈڭلار ئىگە بولۇڭلار!» دېيىشىپ، ھەممىسى ئۆيلىرىگە قايتىشتى.

17(ئەمما رىخوبئام يەھۇدا شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان شىمالدىن كەلگەن ئىسرائىللارغا يەنىلا پادىشاھ بولۇپ قېلىۋەردى.) 18رىخوبئام پادىشاھ ھاشارچىلارنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئادورامنى شىمالىي قەبىلىلەردىن بولغان ئىسرائىللارنىڭ قېشىغا ئەۋەتكەنىدى، ئۇلار ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. رىخوبئام پادىشاھ ئالدىراپ-تېنەپ ھارۋىسىغا چىقىپ، يېرۇسالېمغا قېچىپ كەتتى. 19شۇنىڭدىن تارتىپ شىمالدىكى ئىسرائىللار تاكى ھازىرغىچە داۋۇت خانىدانلىقى بىلەن قارشىلىشىپ كەلدى.

20شىمالدىكى ئىسرائىللار ياروبئامنىڭ مىسىردىن قايتىپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپلا، دەرھال ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى كېڭەشكە چاقىرتىپ كەلدى ۋە ئۇنى پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە، يەنى ئۆزلىرىگە پادىشاھ قىلىپ تىكلەشتى. يەھۇدا قەبىلىسىدىن باشقا، ھېچكىم داۋۇت خانىدانلىقىغا ئەگەشمىدى.

21سۇلايماننىڭ ئوغلى رىخوبئام يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، شىمالدىكى ئىسرائىللار بىلەن ئۇرۇش ئارقىلىق ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇ پۈتۈن يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىلىرىدىن 180 مىڭ سەرخىل لەشكەرنى توپلىدى. 22بىراق خۇدا ئۆز پەيغەمبىرى شىماياغا مۇنداق دېدى:

23_ سەن بېرىپ، سۇلايماننىڭ ئوغلى يەھۇدىيە پادىشاھى رىخوبئامغا، پۈتۈن يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىلىرىگە، ھەم باشقىلارغا: 24«پەرۋەردىگار: ‹سىلەر قېرىندىشىڭلار بولغان ئىسرائىللار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا چىقساڭلار بولمايدۇ. ھەممىڭلار ئۆيۈڭلەرگە قايتىڭلار! چۈنكى بۇ ئىش مەندىن بولدى› دەيدۇ» دېگىن.

شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە ئىتائەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئېيتقىنى بويىچە ئۆيلىرىگە قايتىپ كېتىشتى.

ياروبئامنىڭ ئىسرائىللارنى بۇتپەرەسلىككە باشلىشى

25ياروبئام پادىشاھ ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىكى شەكەم شەھىرىنى قايتىدىن قۇرۇپ، شۇ يەردە تۇرىدىغان بولدى. كېيىن ئۇ پىنۇئېل شەھىرىگە بېرىپ، ئۇ شەھەرنىمۇ مۇستەھكەملەتتى. 26‏-27ياروبئام پادىشاھ ئىچىدە: «ئەگەر بۇ خەلق قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن داۋاملىق يېرۇسالېمدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا بېرىۋېرىدىغان بولسا، بۇلارنىڭ كۆڭلى كونا ھۆكۈمرانى يەھۇدىيە پادىشاھى رىخوبئامغا مايىل بولۇپ كېتىشى ۋە مېنى ئۆلتۈرۈپ، قايتىدىن ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشى مۇمكىن. شۇنداق بولۇپ قالسا، بۇ پادىشاھلىق يەنە باشقىدىن داۋۇت ئەۋلادلىرىنىڭ ئىلىكىگە ئۆتۈپ كېتىدۇ» دەپ ئويلىدى. 28شۇنىڭ بىلەن ياروبئام پادىشاھ بۇ ھەقتە مەسلىھەتچىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئالتۇندىن ئىككى موزاينىڭ ھەيكىلىنى ياسىتىپ، خەلققە:

_ ئەي ئىسرائىللار، سىلەرنىڭ يېرۇسالېمغا بېرىشىڭلار ھەقىقەتەن مۇشەققەتلىكتۇر. قاراڭلار، سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان ئىلاھىڭلار مانا شۇلار! _ دېدى.

29ئۇ موزاي ھەيكىلىنىڭ بىرىنى بەيتەلگە، بىرىنى دانغا قويغۇزدى. 30بۇ ئىش ئىسرائىللارنى گۇناھقا باشلىدى، ئۇلار ھەتتاكى يىراقتىكى دانغا بېرىپ، موزايغا چوقۇنىدىغان بولدى. 31ياروبئام پادىشاھ بۇتخانىلارنى سېلىپ، لاۋىينىڭ ئەۋلادىدىن بولمىغان خەلقتىن كىم كەلسە شۇنى روھانىيلىققا قويىۋەردى.

بەيتەلدىكى بۇتپەرەسلىكنىڭ ئەيىبلىنىشى

32ياروبئام پادىشاھ يەنە 8-ئاينىڭ* 15-كۈنىنى يەھۇدىيەنىڭ ھېيتىغا ئوخشاش ھېيت قىلىپ بەلگىلەپ، شۇ كۈنى بەيتەلدىكى قۇربانلىق سۇپىسىغا بېرىپ، ئۆزى ياساتقان ئالتۇن موزايلارغا قۇربانلىقلارنى تەقدىم قىلدى. بەيتەلدە ئۆزى سالدۇرغان بۇتخانىلارغا روھانىيلارنى تۇرغۇزدى. 338-ئاينىڭ 15-كۈنى، يەنى ئۆز مەيلىچە ئىسرائىللارنىڭ ھېيتى قىلىپ بەلگىلىگەن كۈنى بەيتەلدە ئۆزى سالدۇرغان قۇربانلىق سۇپىسىدا ئىسرىق سېلىشقا تەييارلىق قىلدى.



*328-ئاي _ مىلادىيە كالېندارى بويىچە 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدىن 11-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ.



 

13

1ياروبئام پادىشاھ قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئىسرىق سېلىۋاتقاندا، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بىلەن ئەۋەتىلگەن بىر پەيغەمبەر يەھۇدىيەدىن بەيتەلگە يېتىپ كەلدى. 2پەيغەمبەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە قۇربانلىق سۇپىسىغا قاراپ تۇرۇپ، ۋارقىراپ مۇنداق دېدى:

_ ئەي قۇربانلىق سۇپىسى! قۇربانلىق سۇپىسى! پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بىلىپ قويغىنكى، داۋۇتنىڭ پۇشتىدىن يوشىيا ئاتلىق بىر ئوغۇل تۇغۇلىدۇ. ئۇ ھازىر سېنىڭ ئۈستۈڭدە ئىسرىق سېلىۋاتقان سەجدىگاھ روھانىيلىرىنى قۇربانلىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇستىخانلىرىنى سېنىڭ ئۈستۈڭدە كۆيدۈرىدۇ.»

3(شۇ كۈنى ئۇ پەيغەمبەر بىر بېشارەت بېرىپ، مۇنداق دېدى: «پەرۋەردىگار شۇنداق بېشارەت بېرىدۇكى، بۇ قۇربانلىق سۇپىسى يېرىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى مايلاشقان كۈللەرمۇ يەرگە چېچىلىپ كېتىدۇ.»)

4ياروبئام پادىشاھ پەيغەمبەرنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىغا قاراپ تۇرۇپ، ۋارقىراپ قىلغان گېپىنى ئاڭلاپلا، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، قولىنى شىلتىپ، «تۇتۇڭلار ئۇنى!» دەپ ۋارقىرىدى، ئۇنىڭغا قارىتىپ شىلتىغان قولى پالەچ بولۇپ قېلىپ يىغىۋالالماي قالدى. 5(دەرۋەقە كېيىن خۇددى پەيغەمبەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە بېشارەت بەرگىنىدەك قۇربانلىق سۇپىسى يېرىلىپ كەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى مايلاشقان كۈللەرمۇ چېچىلىپ كەتتى.)

6پادىشاھ پەيغەمبەرگە:

_ مەن ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭ خۇداغا دۇئا قىلىپ، قولۇمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قويۇشىنى تىلىسەڭ، _ دەپ يالۋۇردى.

پەيغەمبەر پەرۋەردىگارغا يالۋۇرغانىدى، پادىشاھنىڭ قولى ئاۋۋالقىدەكلا ئەسلىگە كەلدى. 7پادىشاھ پەيغەمبەرگە:

_ مەن بىلەن بارگاھىمغا بېرىپ، ئازراق ماغدۇرۇڭغا كېلىۋال، مەن ساڭا ئىنئام بېرىمەن، _ دېدى.

8_ ماڭا بايلىقلىرىنىڭ يېرىمىنى بەرسىلىمۇ سىلى بىلەن بارگاھلىرىغا بارمايمەن، ئۇ يەردە غىزا يېمەيمەن ۋە ئۇسسۇلۇق ئىچمەيمەن. 9چۈنكى پەرۋەردىگار ماڭا: «سەن غىزا يېسەڭ ۋە ئۇسسۇلۇق ئىچسەڭ بولمايدۇ، ئەسلى كەلگەن يولۇڭ بىلەن قايتساڭمۇ بولمايدۇ» دەپ بۇيرۇغان، _ دېدى پەيغەمبەر پادىشاھقا.

10شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر بەيتەلگە كەلگەن يول بىلەن ئەمەس، باشقا يول بىلەن قايتتى.

پەيغەمبەرنىڭ خۇداغا بويسۇنماسلىقى

11بەيتەلدە تۇرىدىغان بىر ياشانغان پەيغەمبەر بار ئىدى. ئۇنىڭ ئوغۇللىرى كېلىپ، ئاتىسىغا يەھۇدىيەدىن كەلگەن پەيغەمبەرنىڭ ئاشۇ كۈنى بەيتەلدە قىلغان ھەممە ئىشىنى سۆزلەپ بەردى. پادىشاھقا ئېيتقان گەپلىرىنىمۇ دەپ بەردى. 12ئاتىسى ئۇلاردىن: «ئۇ پەيغەمبەر قايسى يول بىلەن قايتتى؟» دەپ سورىۋىدى، ئوغۇللىرى يەھۇدىيەدىن كەلگەن پەيغەمبەرنىڭ ماڭغان يولىنى كۆرسىتىپ بەردى.

13_ ئېشەكنى توقۇڭلار! _ دېدى ئۇ ئوغۇللىرىغا.

ئوغۇللىرى ئېشەكنى توقۇپ تەييارلىدى. ئۇ ئېشەكنى مىنىپ، 14ھېلىقى پەيغەمبەرنى قوغلاپ ماڭدى. ئۇ يەھۇدىيەدىن كەلگەن پەيغەمبەرنىڭ بىر پىستە دەرىخىنىڭ ئاستىدا ئولتۇرغانلىقىنى كۆردى-دە، ئۇنىڭدىن:

_ ئۆزلىرى يەھۇدىيەدىن كەلگەن پەيغەمبەر بولامدىلا؟ _ دەپ سورىدى.

ئۇ:

_ شۇنداق! _ دەپ جاۋاب بەردى.

15_ ئەمىسە مەن بىلەن يۈرسىلە، ئۆيگە بېرىپ، غىزا يېسىلە، _ دېدى ياشانغان پەيغەمبەر.

16_ مەن ئارقامغا قايتىپ، ئۆزلىرى بىلەن بىللە ئۆيلىرىگە بارالمايمەن، مۇشۇ يەردىمۇ سىلى بىلەن بىللە غىزالىنالمايمەن، ھەم ئۇسسۇلۇق ئىچەلمەيمەن، 17چۈنكى ماڭا پەرۋەردىگار: «سېنىڭ ئۇ يەردە غىزا يېيىشىڭگە ۋە ئۇسسۇلۇق ئىچىشىڭگە، ئەسلى يولۇڭ بىلەن قايتىشىڭغا بولمايدۇ» دەپ بۇيرۇغانىدى، _ دېدى يەھۇدىيەدىن كەلگەن پەيغەمبەر.

18_ مەنمۇ ئۆزلىرىگە ئوخشاش بىر پەيغەمبەرمەن. بىر پەرىشتە پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە بىنائەن ماڭا: «سەن يەھۇدىيەدىن كەلگەن ھېلىقى پەيغەمبەرنى ئۆيۈڭگە ئېلىپ قايت، بىر نەرسە يېسۇن، سۇ ئىچسۇن» دېگەنىدى، _ دېدى ياشانغان پەيغەمبەر. لېكىن ئۇ يالغان سۆزلىگەنىدى.

19شۇنداق قىلىپ يەھۇدىيەدىن كەلگەن پەيغەمبەر ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، غىزا يېدى ۋە ئۇسسۇلۇق ئىچتى.

20ئۇ ئىككىسى داستىخاندا غىزالىنىۋاتقاندا، يەھۇدىيەدىن كەلگەن پەيغەمبەرنى باشلاپ كەلگەن ياشانغان پەيغەمبەرگە پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كەلدى. 21ياشانغان پەيغەمبەر ھېلىقى پەيغەمبەرگە:

_ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سەن، مەن پەرۋەردىگارىڭ خۇداغا بويسۇنماي، ئەمرىمگە خىلاپلىق قىلدىڭ. 22مەن ساڭا: ‹غىزا يېيىشكە، ئۇسسۇلۇق ئىچىشكە بولمايدۇ› دېگەن بولساممۇ، سەن بۇ جايغا قايتىپ كېلىپ، غىزا يەپ، ئۇسسۇلۇق ئىچتىڭ. شۇنىڭ ئۈچۈن سېنىڭ جەسىتىڭ ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ قەبرىسىگە دەپنە قىلىنمايدۇ»، _ دەپ توۋلىدى.

23غىزا يەپ، ئۇسسۇلۇق ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، پەيغەمبەرنى ئۆيىگە ئېلىپ كەلگەن ياشانغان پەيغەمبەر ئۆز ئېشىكىنى توقۇپ تەييار قىلىپ بەردى. 24يەھۇدىيەدىن كەلگەن پەيغەمبەر يولىغا راۋان بولدى. يولدا ئۇنىڭغا بىر شىر ئۇچرىدى. شىر ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، جەسىتىنى يولغا تاشلاپ قويدى. ئېشەكمۇ، شىرمۇ ئۇنىڭ جەسىتىنىڭ يېنىدا ئىدى. 25يولدىن ئۆتكەنلەر بۇ جەسەتنىڭ يولغا تاشلاپ قويۇلغانلىقىنى، شىرنىڭ جەسەتنىڭ يېنىدا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ياشانغان پەيغەمبەر تۇرىدىغان شەھەرگە كېلىپ، بۇ ۋەقەنى شەھەردە سۆزلەپ يۈردى. 26پەيغەمبەرنى يولدىن قايتۇرۇپ، ئۆيىگە ئېلىپ كەلگەن ياشانغان پەيغەمبەر ۋەقەنى ئاڭلاپ، «بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغان ھېلىقى پەيغەمبەر ئىكەن. خۇددى پەرۋەردىگار ئۆزى ئۇنىڭغا ئېيتقىنىدەك، ئۇنى شىرغا تاشلاپ بېرىپتۇ، شىر ئۇنى تالاپ ئۆلتۈرۈپتۇ» دېدى. 27شۇنىڭ بىلەن ئوغۇللىرىغا «ماڭا ئېشەكنى توقۇپ بېرىڭلار» دەپ بۇيرۇدى. ئوغۇللىرى ئېشەكنى توقۇپ بەردى. 28ئۇ يولغا چىقىپ، پەيغەمبەرنىڭ جەسىتىنىڭ يولدا ياتقانلىقى، ئېشەكنىڭمۇ، شىرنىڭمۇ جەسەتنىڭ يېنىدا تۇرغانلىقى، شىرنىڭ جەسەتنى يەۋەتمىگەنلىكى ۋە ئېشەكنىمۇ تالاپ ئۆلتۈرمىگەنلىكىنى كۆردى. 29ياشانغان پەيغەمبەر ھازا ئېچىپ، دەپنە قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبەرنىڭ جەسىتىنى ئېشەككە ئارتىپ، ئۆزىنىڭ شەھىرىگە ئەكەلدى. 30ئۇ ئۇنىڭ جەسىتىنى ئۆزىنىڭ قەبرىسىگە دەپنە قىلدى. ئۇ ئوغۇللىرى بىلەن «ۋاي قېرىندىشىم!» دەپ، ھازا ئاچتى. 31دەپنە قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ياشانغان پەيغەمبەر ئوغۇللىرىغا: «مەن ئۆلگەندىن كېيىن سىلەر مېنى يەھۇدىيەدىن كەلگەن پەيغەمبەر دەپنە قىلىنغان بۇ قەبرىگە دەپنە قىلىپ، جەسىتىمنى ئۇنىڭ يېنىغا قويۇڭلار. 32ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە بەيتەلدىكى قۇربانلىق سۇپىسى بىلەن سامارىيەگە قاراشلىق شەھەرلەردىكى بۇتخانىلار توغرىسىدا قىلغان گەپلىرى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ» دېدى.

33شۇ ۋەقەلەردىن كېيىنمۇ ياروبئام پادىشاھ يامان يولىدىن قايتماي، ئاۋام خەلقنى بۇتخانىلارنىڭ روھانىيلىقىغا تاللاپ، خالىغانلىرىنى روھانىيلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىدى. 34بۇ گۇناھلىق ئىش ياروبئام پادىشاھ جەمەتىنىڭ كېيىنچە يەر يۈزىدىن قىرىلىپ، پۈتۈنلەي يوقىلىپ كېتىشىگە سەۋەب بولدى.


14

ياروبئام جەمەتى ھەققىدىكى بېشارەت

1شۇ ۋاقىتتا ياروبئام پادىشاھنىڭ ئوغلى ئابىيا كېسەل بولۇپ قالدى. 2ياروبئام پادىشاھ خوتۇنىغا:

_ سەن كىيىملىرىڭنى يەڭگۈشلەپ، مېنىڭ خوتۇنۇم ئىكەنلىكىڭنى خەقلەر تونۇۋالالمىغۇدەك ياسىنىپ، شىلوغا بارغىن. ئاخىيا پەيغەمبەر شۇ يەردە تۇرىدۇ. ئۇ ماڭا: «سەن بۇ خەلقنىڭ پادىشاھى بولىسەن» دېگەنىدى. 3سەن ئۇنىڭ قېشىغا ئون نان، بىرنەچچە توقاچ ۋە بىر قۇتا ھەسەل ئالغاچ بارغىن. ئۇ ساڭا بالىمىزنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ، _ دېدى.

4ياروبئامنىڭ خوتۇنى ئەنە شۇ يۇسۇندا شىلوغا بېرىپ، ئاخىيانىڭ ئۆيىگە كەلدى. ئاخىيا بەك قېرىپ كەتكەچكە، كۆزلىرى غۇۋالىشىپ، ئېنىق كۆرمەيدىغان بولۇپ قالغانىدى. 5پەرۋەردىگار ئاخىياغا مۇنداق دېدى:

_ ياروبئامنىڭ خوتۇنى سەندىن كېسەل بولۇپ قالغان ئوغلىنىڭ ئىشىنى سورىغىلى كېلىۋاتىدۇ. لېكىن ئۇ باشقا بىر خوتۇن سىياقىدا ياسىنىۋالدى. ئۇ كەلگەندە، سەن ئۇنىڭغا مۇنداق، مۇنداق دېگىن …

6ئۇ بوسۇغىدىن ئاتلاپ كىرىشىگە ئاخىيا ئۇنىڭ ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلاپ، مۇنداق دېدى:

_ ئەي ياروبئامنىڭ خوتۇنى، كىرگىن! سەن نېمىشقا باشقا ئادەمنىڭ سىياقىدا ياسىنىۋالدىڭ؟ ساڭا شۇم خەۋەر ئېيتىشقا ماڭا بۇيرۇق كەلدى. 7سەن بېرىپ، ياروبئامغا ئېيت: «ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدا مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن سېنى خەلق ئىچىدىن تاللاپ، خەلقىم ئىسرائىللارغا باش قىلدىم. 8پادىشاھلىقنى داۋۇت جەمەتىدىن تارتىۋېلىپ، ساڭا بەردىم، لېكىن سەن خىزمەتكارىم داۋۇتقا ئوخشىمىدىڭ. ئۇ مېنىڭ ئەمرلىرىمگە رىئايە قىلاتتى، پۈتۈن قەلبى بىلەن ماڭا ئەگىشىپ، پەقەت مېنىڭ نەزىرىمدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلاتتى. 9لېكىن سەن يامان ئىشلارنى قىلىشتا سەندىن ئىلگىرىكى ھۆكۈمرانلاردىنمۇ ئېشىپ كەتتىڭ، ئۆزۈڭگە بۇتلارنى ياسىتىپ ھەم قۇيدۇرۇپ، مەندىن يۈز ئۆرۈپ، غەزىپىمنى كەلتۈردۈڭ. 10شۇڭا مەن سېنىڭ جەمەتىڭگە بالايىئاپەت چۈشۈرىمەن. ئىسرائىللار ئىچىدە ساڭا تەۋە ئەركەكلەرنىڭ ھەممىسىنى قېرى، ياش دېمەي ھالاك قىلىمەن. سېنىڭ جەمەتىڭنى نىجاسەتنى سۈپۈرۈپ تاشلىغاندەك قويماي يوقىتىۋېتىمەن. 11ياروبئام، جەمەتىڭدىن شەھەردە ئۆلگەنلىرىنى ئىتلار، دالىدا ئۆلگەنلىرىنى قاغا-قۇزغۇنلار يەيدۇ. بۇنى، مەن پەرۋەردىگار ئۆزۈم ئېيتتىم.›» 12تۇر، ئۆيۈڭگە قايت! شەھەرگە قەدەم بېسىشىڭ بىلەن تەڭلا ئوغلۇڭ ئۆلىدۇ. 13پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ھازا ئېچىپ، ئۇنى دەپنە قىلىدۇ. ياروبئامغا تەۋە كىشىلەر ئىچىدە پەقەت شۇلا قەبرىدە ياتىدۇ. چۈنكى ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدا ياروبئام جەمەتىدە پەقەت ئۇنىڭدىنلا ئازراق ياخشىلىقنى بايقىغان. 14ئىسرائىللارنى باشقۇرۇش ئۈچۈن پەرۋەردىگار باشقا بىر پادىشاھنى تىكلەيدۇ. ئۇ ياروبئام جەمەتىنى يوقىتىدۇ. بۈگۈن بۇ ئىشنىڭ يۈز بېرىدىغان ۋاقتى كەلدى ئەمەسمۇ؟ مانا ھازىرلا يۈز بېرىدۇ! 15پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا زەربە بېرىدۇ، ئۇلار سۇدىكى قومۇش لىڭشىغاندەك لىڭشىيدۇ. ئۇ ئىسرائىللارنى ئاتا-بوۋىلىرىغا ئاتا قىلغان بۇ مۇنبەت زېمىندىن يۇلۇپ ئېلىپ، فىرات دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىگە تاشلىۋېتىدۇ، چۈنكى ئۇلار «ئاشېرا ئايال ئىلاھى»نىڭ بۇتلىرىنى ياساپ، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرگەنىدى. 16ياروبئامنىڭ ئۆزىنىڭ قىلغان گۇناھلىرى ۋە ئۇنىڭ ئىسرائىللارنى گۇناھقا يېتەكلىگەنلىك گۇناھى ئۈچۈن، پەرۋەردىگار ئىسرائىللاردىن ۋاز كېچىدۇ.

17ياروبئامنىڭ خوتۇنى ئورنىدىن قوپۇپ، يولغا چىقتى، تىرزاھ شەھىرىگە قايتىپ كېلىپ، ئۆيىنىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلىشى بىلەن تەڭلا ئوغلى جان ئۈزدى. 18پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى خۇددى پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ خىزمەتكارى ئاخىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتقاندەك ھازا ئېچىپ، ئۇنى دەپنە قىلدى.

19ياروبئام پادىشاھنىڭ باشقا ئىش-ئىزلىرى، قىلغان ئۇرۇشلىرى ۋە قانداق ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەنلىكى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەن. 20ياروبئام 22 يىل پادىشاھ بولۇپ، ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قېشىغا كەتتى. ئۇنىڭ ئوغلى ناداب ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.

يەھۇدىيە پادىشاھى رىخوبئام

21سۇلايماننىڭ ئوغلى رىخوبئام يەھۇدىيەگە پادىشاھ ئىدى. ئۇ تەختكە چىققان چاغدا 41 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا (پەرۋەردىگار خەلقلەر ماڭا ئىبادەت قىلسۇن دەپ، ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ بارلىق شەھەرلىرى ئارىسىدىن تاللىغان شەھەر) 17 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى ئاممونلۇق بولۇپ، ئىسمى نائاما ئىدى. 22يەھۇدىيەلىكلەر پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. ئۇلار ئاتا-بوۋىلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ بەكرەك بۇتقا چوقۇنۇپ، پەرۋەردىگارنى قىزغاندۇردى. 23ئۇلارمۇ ئۆزلىرى ئۈچۈن ھەربىر ئېگىزلىكتە ۋە ھەربىر باراقسان ئۆسكەن دەرەخ تۈۋىدە تاش تۈۋرۈك ۋە ئاشېرا بۇتلىرىغا ئاتاپ سەجدىگاھلارنى ياساپ چىقتى. 24تېخىمۇ يامان بولغىنى، بۇ زېمىندىكى سەجدىگاھلاردا ئەر ۋە ئايال پاھىشىلەرنىڭ پەيدا بولۇشىدۇر. خەلق ئۆزلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا پەرۋەردىگار تەرىپىدىن يوقىتىلغان يات ئەللەرنى دوراپ، ھەممە يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلدى.

25رىخوبئام پادىشاھنىڭ بەشىنچى يىلى پىرئەۋن شىشاق يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلدى. 26ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى ۋە پادىشاھ ئوردىسىدىكى بايلىقلاردىن تارتىپ، ھېچ نەرسىنى چالا قويماي بۇلاپ كەتتى. سۇلايمان پادىشاھ ياساتقان ئالتۇن قالقانلارنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كەتتى. 27كېيىن رىخوبئام پادىشاھ ئاشۇ ئالتۇن قالقانلارنىڭ ئورنىغا تۇچ قالقانلارنى ياسىتىپ، ئوردا دەرۋازىسىغا قارايدىغان قاراۋۇللار باشلىقلىرىنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇردى. 28پادىشاھ ھەر قېتىم پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا بارغاندا قاراۋۇللار بۇ قالقانلارنى كۆتۈرۈپ ماڭاتتى، ئاندىن كېيىن يەنە بۇ قالقانلارنى قورال ئامبىرىغا قويۇپ قوياتتى.

29رىخوبئام پادىشاھنىڭ باشقا ئىش-ئىزلىرى ۋە بارلىق پائالىيەتلىرى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەن. 30يەھۇدىيە پادىشاھى رىخوبئام بىلەن ئىسرائىلىيە پادىشاھى ياروبئام ئوتتۇرىسىدا ئىزچىل ئۇرۇش بولۇپ تۇردى. 31رىخوبئام ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قېشىغا كەتتى. ئۇ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يېنىغا، يەنى بوۋىسى داۋۇتنىڭ نامىدا ئاتالغان «داۋۇت شەھىرى»گە دەپنە قىلىندى. ئۇنىڭ ئانىسى ئاممونلۇق بولۇپ، ئىسمى نائاما ئىدى. رىخوبئامنىڭ ئوغلى ئابىيا ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.


15

يەھۇدىيە پادىشاھى ئابىيا

1نىباتنىڭ ئوغلى ئىسرائىلىيە پادىشاھى ياروبئامنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 18-يىلى ئابىيا يەھۇدىيەگە پادىشاھ بولدى. 2ئۇ يېرۇسالېمدا ئۈچ يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى ئابسالومنىڭ قىزى مائاكا ئىدى. 3ئابىيا ئەجدادى داۋۇت پەرۋەردىگار خۇداغا جان-دىلى بىلەن سادىق بولغاندەك سادىق بولمىدى، ئەكسىچە ئاتىسى بۇرۇن قىلغان گۇناھلارنىڭ ھەممىسىنى قىلدى. 4لېكىن، پەرۋەردىگار خۇدا داۋۇتنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ، يېرۇسالېمدا ئابىيانىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرمىدى. ئۇنىڭ ئوغلىنى تەختكە ۋارىسلىق قىلدۇرۇپ، يېرۇسالېمنى قۇدرەت تاپقۇزدى. 5پەرۋەردىگارنىڭ بۇنداق قىلىشى، داۋۇتنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلغانلىقىدىن ئىدى. داۋۇت خىتلاردىن بولغان ئۇرىيانىڭ ئىشىدىن باشقا، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىگە ھېچقاچان خىلاپلىق قىلىپ باقمىغانىدى. 6رىخوبئام بىلەن ياروبئام ئارىسىدا باشلانغان ئۇرۇش ئابىيا پادىشاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرىغىچە داۋام قىلدى. 7ئابىيا پادىشاھنىڭ باشقا ئىش-ئىزلىرى ۋە بارلىق پائالىيەتلىرى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەن. ئابىيا بىلەن ئىسرائىلىيە پادىشاھى ياروبئام ئارىسىدا ئۇرۇش بولۇپ تۇردى. 8ئابىيا ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قېشىغا كېتىپ، داۋۇت شەھىرىدە دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئاسا ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.

يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسا

9ئىسرائىلىيە پادىشاھى ياروبئامنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 20-يىلى ئاسا يەھۇدىيەگە پادىشاھ بولدى. 10ئۇ يېرۇسالېمدا 41 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ مومىسى ئابسالومنىڭ قىزى مائاكا ئىدى. 11ئاسا ئەجدادى داۋۇتقا ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى. 12ئۇ سەجدىگاھلاردىكى ئەر-ئايال پاھىشىلەرنى زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، ئاتا-بوۋىلىرى ياساتقان بۇتلارنى پۈتۈنلەي ئېلىپ تاشلىدى. 13ئۇ ھەتتا مومىسى مائاكانىڭ مەلىكىلىك مەرتىۋىسىنى بىكار قىلدى*. چۈنكى ئۇ ئاشېرانىڭ بىر يىرگىنچلىك بۇتىنى ياساتقانىدى. ئاسا ئۇ بەتبەشىرە بۇتنى چېپىپ يىقىتىپ، ئۇنى قىدرون جىلغىسىدا كۆيدۈرۈۋەتتى. 14گەرچە غەيرىي سەجدىگاھلار يوقىتىۋېتىلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئاسا ئۆمۈر بويى جان-دىلى بىلەن پەرۋەردىگارغا سادىق بولۇپ كەلدى. 15ئۇ ئاتىسى ۋە ئۆزى پەرۋەردىگارغا ئاتىغان نەرسىلەرنى، يەنى ئالتۇن-كۈمۈش ۋە باشقا بۇيۇملارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا قويدى.

16يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسا بىلەن ئىسرائىلىيە پادىشاھى باشا ئوتتۇرىسىدا ئىزچىل ئۇرۇش بولۇپ تۇردى. 17ئىسرائىلىيە پادىشاھى باشا يەھۇدىيەگە تاجاۋۇز قىلىپ، راماھنى بېسىۋالدى. ھېچكىمنىڭ يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسانىڭ زېمىنىغا كىرىپ-چىقماسلىقى ئۈچۈن، راماھ شەھىرىنىڭ سېپىلىنى مۇستەھكەملىدى. 18شۇنىڭ بىلەن ئاسا پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ خەزىنىلىرىدە قالغان پۈتۈن ئالتۇن-كۈمۈشلەر ۋە پادىشاھ ئوردىسىدىكى بايلىقلارنى ئېلىپ، ئۇلارنى ئەمەلدارلىرى ئارقىلىق دەمەشقتىكى ئاررام پادىشاھى بەنھادادقا ئەۋەتتى. بەنھاداد خەزيوننىڭ نەۋرىسى، تابرىمموننىڭ ئوغلى ئىدى. ئاسانىڭ ئەمەلدارلىرى بەنھاداد پادىشاھقا: 19«ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئوتتۇرىسىدا سۈلھى بولغىنىدەك، ئىككىمىز ئوتتۇرىسىدىمۇ سۈلھى بولسۇن. مانا بۇ ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى سىلىگە سوۋغات قىلدىم. ئىسرائىلىيە پادىشاھى باشا بىلەن بولغان سۈلھىنى بىكار قىلغايلا. شۇندا، ئۇ زېمىنىمدىن ئۆز قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرىدۇ» دېگەن خەۋەرنى ئېلىپ باردى. 20بەنھاداد پادىشاھ ئاسا پادىشاھنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۆز قوشۇنلىرىنىڭ سەركەردىلىرىنى ئىسرائىلىيە شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتتى. ئۇلار ئىيون، دان، بەيت-مائاكادىكى ئابېل، جەلىلىيە كۆلى ئەتراپىدىكى بارلىق جايلار ۋە پۈتۈن نافتالى زېمىنىنى ئىشغال قىلدى. 21باشا پادىشاھ بۇ ئىشلارنى ئاڭلاپلا، راماھ سېپىلىنى مۇستەھكەملەش ئىشىنى توختىتىپ، تىرزاھ شەھىرىدە تۇرۇپ قالدى. 22شۇنىڭ بىلەن ئاسا پادىشاھ پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقىگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، باشا پادىشاھنىڭ راماھنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئىشلەتمەكچى بولغان ياغاچ-تاشلارنى يۆتكىگۈزدى. ھېچكىم بۇ ئىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا بولمايتتى. ئاسا پادىشاھ بۇ ياغاچ-تاشلار بىلەن بىنيامىن زېمىنىدىكى گىبئاھ ۋە مىزپاھ سېپىللىرىنى مۇستەھكەملىدى.

23ئاسا پادىشاھنىڭ باشقا ئىش-ئىزلىرى، قولغا كەلتۈرگەن ھەممە نەتىجىلىرى، بارلىق پائالىيەتلىرى ۋە مۇستەھكەملىگەن شەھەرلىرى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەن. ئۇ ياشىنىپ قالغاندا، پۇتلىرى ئاغرىيدىغان بولۇپ قالغانىدى. 24ئاسا ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قېشىغا كەتتى. ئۇ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يېنىغا، يەنى ئەجدادى داۋۇتنىڭ نامىدا ئاتالغان «داۋۇت شەھىرى»گە دەپنە قىلىندى. ئوغلى يىھوشافات ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.

ئىسرائىلىيە پادىشاھى ناداب

25ياروبئامنىڭ ئوغلى ناداب يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئىككىنچى يىلى ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولدى. ئۇ ئىككى يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 26ناداب پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئاتىسىنىڭ يولىدا مېڭىپ، ئۇنىڭ ئىسرائىللارنى گۇناھقا پاتۇرغان گۇناھىنى داۋاملاشتۇردى. 27ئىسساكار قەبىلىسىدىن بولغان ئاخىيانىڭ ئوغلى باشا ناداب پادىشاھقا قارشى سۇيىقەست پىلانلىدى. ناداب پۈتۈن ئىسرائىللارنى باشلاپ فىلىستىيەلىكلەرنىڭ گىببىتون شەھىرىنى مۇھاسىرىگە ئالغىلى كەلگەندە، باشا ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. 28بۇ ئىش يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسانىڭ ئۈچىنچى يىلى يۈز بەردى. باشا ئۇنىڭ ئورنىغا ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولدى. 29ئۇ تەختكە چىقىشى بىلەنلا ياروبئام جەمەتىنىڭ ئادەملىرىنى قىرىپ تۈگەتتى. پەرۋەردىگار، خىزمەتكارى بولغان شىلولۇق ئاخىيا ئارقىلىق ئالدىن ئېيتقاندەك، باشا ياروبئام جەمەتىنىڭ كىشىلىرىنىڭ بىرىنىمۇ تىرىك قالدۇرماي پۈتۈنلەي ئۆلتۈرۈۋەتتى. 30بۇنىڭ سەۋەبى، ياروبئامنىڭ ئۆزىنىڭ گۇناھ قىلىشى ۋە ئۇنىڭ ئىسرائىللارنى گۇناھقا پاتۇرۇشى ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ غەزىپىنى قوزغىغانىدى. 31ناداب پادىشاھنىڭ باشقا ئىش-ئىزلىرى ۋە بارلىق پائالىيەتلىرى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەن. 32يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسا بىلەن ئىسرائىلىيە پادىشاھى باشا ئوتتۇرىسىدا ئىزچىل ئۇرۇش بولۇپ تۇردى.

ئىسرائىلىيە پادىشاھى باشا

33يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئۈچىنچى يىلى ئاخىيانىڭ ئوغلى باشا تىرزاھتا پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولدى. ئۇ 24 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 34ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ياروبئامنىڭ يولىدا مېڭىپ، ئۇنىڭغا ئوخشاش گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، ئىسرائىللارنى گۇناھقا پاتۇردى.



*13مەلىكىلىك مەرتىۋىسى _ بۇ قەدىمكى يەھۇدىيە ۋە بەزى قوشنا دۆلەتلەردە پادىشاھتىن قالسىلا سىياسىي ئىشلاردا تەسىر كۈچكە ئىگە بولغان ئىككىنچى دەرىجىلىك مەرتىۋە.



 

16

1پەرۋەردىگاردىن خانانىنىڭ ئوغلى يېھۇ پەيغەمبەرگە ۋەھىي كېلىپ، باشانى مۇنداق ئەيىبلىدى: 2«مەن سېنى چاڭ-توزانلار ئىچىدىن تىكلەپ، خەلقىم ئىسرائىللارنىڭ بېشى قىلغان بولساممۇ، لېكىن سەن نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ يولىدا مېڭىپ، خەلقىم ئىسرائىللارنى گۇناھقا پاتۇردۇڭ. ئۇلارنىڭ گۇناھى مېنىڭ غەزىپىمنى قوزغىدى. 3باشا، مانا ئەمدى مەن، سەن ۋە سېنىڭ جەمەتىڭنى ياروبئامنىڭ جەمەتىگە ئوخشاش سۈپۈرۈپ تاشلايمەن. 4جەمەتىڭدىن شەھەردە ئۆلگەنلىرىنى ئىتلار، دالىدا ئۆلگەنلىرىنى قاغا-قۇزغۇنلار يەيدۇ».

5باشا پادىشاھنىڭ باشقا ئىش-ئىزلىرى، پائالىيەتلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەن. 6باشا ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قېشىغا كېتىپ، تىرزاھ شەھىرىگە دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئەلاھ ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى. 7دېمەك، باشا ياروبئام جەمەتىگە ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان بارلىق ئىش-ھەرىكەتلەرنى قىلىپ، ئۇنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرگەنلىكى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ياروبئامنىڭ جەمەتىنى قىرىپ تاشلىغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگاردىن خانانىنىڭ ئوغلى يېھۇ پەيغەمبەرگە ئەنە شۇ ۋەھىي كېلىپ، باشانى ۋە ئۇنىڭ جەمەتىنى ئەيىبلىدى.

ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئەلاھ

8يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 26-يىلى باشانىڭ ئوغلى ئەلاھ تىرزاھ شەھىرىدە ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولدى. ئۇ ئىككى يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 9ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىدىن زىمرى، يەنى ئۇنىڭ ھارۋىلىق لەشكەرلىرىنىڭ يېرىمىغا باش بولغان سەركەردىسى ئۇنىڭغا سۇيىقەست پىلانلىدى. بىر كۈنى ئەلاھ پادىشاھ تىرزاھتا ئوردا غوجىدارى ئارزانىڭ ئۆيىدە شاراب ئىچىپ مەست بولۇپ قالدى. 10زىمرى كىرىپ، ئۇنى چېپىپ ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ تەختىنى تارتىۋالدى. بۇ ۋەقە يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسانىڭ 27-يىلى يۈز بەردى. 11زىمرى پادىشاھ بولۇپ، تەختكە چىقىپلا باشانىڭ پۈتۈن جەمەتىنى قىرىپ تاشلىدى. ئۇنىڭ جەمەتى ۋە دوست-يارەنلىرىدىن بىرەر ئەر كىشىنىمۇ تىرىك قالدۇرمىدى. 12زىمرىنىڭ باشا جەمەتىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ تاشلىشى پەرۋەردىگارنىڭ يېھۇ پەيغەمبەر ئارقىلىق باشاغا ئېيتقان ۋەھىيىسى بويىچە بولدى. 13بۇنىڭ ھەممىسى باشا ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئەلاھنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى، ئۇلارنىڭ ئىسرائىللارنى گۇناھقا يېتەكلىگەنلىكى، شۇنداقلا ئەرزىمەس بۇتلىرىغا چوقۇنۇپ، ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ غەزىپىنى كەلتۈرگەنلىكى سەۋەبىدىن يۈز بەردى. 14ئەلاھ پادىشاھنىڭ باشقا ئىش-ئىزلىرى ۋە بارلىق پائالىيەتلىرى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر.

ئىسرائىلىيە پادىشاھى زىمرى

15يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 27-يىلى زىمرى ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولدى. ئۇ تىرزاھ شەھىرىدە يەتتە كۈن تەختتە ئولتۇردى. ئۇ چاغدا ئىسرائىلىيە قوشۇنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ گىببىتون شەھىرىگە يېقىن يەردە بارگاھ قۇرغانىدى. 16بارگاھتىكىلەر «زىمرى سۇيىقەست پىلانلاپ، پادىشاھنى ئۆلتۈرۈپتۇ» دەپ ئاڭلىشى بىلەنلا، شۇ كۈنى بارگاھتىلا قوشۇن سەركەردىسى ئومرىنى ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ قىلىپ تەيىنلىدى. 17ئومرى بارلىق قوشۇنى بىلەن گىببىتوندىن چىقىپ، تىرزاھنى مۇھاسىرىگە ئالدى. 18زىمرى شەھەرنىڭ قولدىن كەتكەنلىكىنى كۆرۈپلا، ئوردا ئىچىدىكى قەلئەگە كىرىپ، ئوردىغا ئوت قويۇۋەتتى، ئۆزىمۇ شۇ ئوتتا كۆيۈپ ئۆلدى. 19بۇ ئۇنىڭ گۇناھ قىلغانلىقىدىن، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ياروبئامنىڭ يولىدا ماڭغانلىقىدىن، خۇددى ياروبئامدەك ئۆزى گۇناھ ئۆتكۈزۈپلا قالماي، ئىسرائىللارنىمۇ گۇناھقا پاتۇرغانلىقىدىن بولغان. 20زىمرى پادىشاھنىڭ باشقا ئىش-ئىزلىرى ۋە قىلغان سۇيىقەستى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر.

ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئومرى

21شۇ ئىشلاردىن كېيىن ئىسرائىللار ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى. خەلقنىڭ يېرىمى گىناتنىڭ ئوغلى تىبنىغا ئەگىشىپ، ئۇنى ئۆزلىرىگە پادىشاھ قىلماقچى بولدى. قالغان يېرىمى ئومرىغا ئەگەشتى. 22ئومرىغا ئەگەشكەنلەر گىناتنىڭ ئوغلى تىبنىغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ئۈستىدىن غالىب كەلدى. تىبنى ئۆلگەندىن كېيىن، ئومرى پادىشاھ بولدى. 23يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 31-يىلى ئومرى ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولدى. ئۇ 12 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇ ئالدىنقى ئالتە يىل تىرزاھتا ھۆكۈم سۈردى. 24ئاندىن ئومرى يەتمىش كىلو كۈمۈشكە سەمەر ئىسىملىك بىر كىشىدىن بىر ئېگىزلىكنى سېتىۋېلىپ، ئۇ يەرگە بىر شەھەر قۇردى. ئۇ شەھەرگە شۇ ئېگىزلىكنىڭ ئەسلى ئىگىسىنىڭ نامىنى بېرىپ، ئۇنى «سامارىيە» دەپ ئاتىدى.

25ئومرى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. ئۇنىڭ قىلغان رەزىللىكلىرى ئۆزىدىن ئىلگىرىكى ھەرقانداق پادىشاھلارنىڭكىدىن ئېشىپ كەتتى. 26ئۇ پۈتۈنلەي نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئام ماڭغان گۇناھلىق يولدا مېڭىپ، ئىسرائىللارنىمۇ گۇناھقا پاتۇردى. ئۇلار ئەرزىمەس بۇتلىرىغا چوقۇنۇپ، ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى. 27ئومرى پادىشاھنىڭ باشقا ئىش-ئىزلىرى، بارلىق پائالىيەتلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 28ئومرى ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قېشىغا كېتىپ، سامارىيەگە دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئاخاب ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.

ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخاب

29يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 38-يىلى ئومرىنىڭ ئوغلى ئاخاب ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولدى. ئاخاب پادىشاھ سامارىيەدە ئىسرائىلىيەگە 22 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 30ئومرىنىڭ ئوغلى ئاخاب پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئۆزىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن ھەممە پادىشاھلاردىنمۇ ئاشۇرۇۋەتتى. 31ئاخابقا نىسبەتەن نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامغا ئوخشاش گۇناھ ئۆتكۈزۈش ھېچقانچە ئىش ئەمەس بولۇپ، ھەتتا سىدون پادىشاھى ئەتبائالنىڭ قىزى ئىزەبەلنى ئەمرىگە ئېلىپ، بائال دېگەن ئىلاھقا باش ئۇرۇپ، ئىبادەت قىلدى. 32ئۇ سامارىيەدە بائال بۇتخانىسىنى سالدۇردى ۋە بۇتخانىدا بائالغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساتتى. 33ئاخاب يەنە ئاشېرا بۇتى ياساتتى. ئاخابنىڭ قىلغان ئىشلىرى پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى، بۇ غەزەپ ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆتكەن بارلىق ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىغا چۈشكەن غەزەپتىنمۇ ئېشىپ كەتتى.

34ئاخاب تەختتىكى ۋاقىتلاردا بەيتەللىك خىئېل دېگەن ئادەم ئېرىخا شەھىرىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقتى. ئۇ شەھەر سېپىلىگە ئۇل سالىدىغان چاغدا تۇنجى ئوغلى ئابىرام ئۆلۈپ كەتتى. شەھەر دەرۋازىسىنى ئورنىتىدىغان چاغدا كەنجى ئوغلى سىگۇب ئۆلۈپ كەتتى. بۇ ئىشلار، خۇددى پەرۋەردىگارنىڭ نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ئارقىلىق يەتكۈزگەن سۆزىدەك بولدى.


17

ئىلياسنىڭ قۇرغاقچىلىقتىن بېشارەت بېرىشى

1گىلئادتىكى تىشبىلىك ئىلياس پەيغەمبەر ئاخاب پادىشاھقا:

_ مەن خىزمىتىدە بولۇۋاتقان مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، مۇشۇ بىرنەچچە يىل ئىچىدە مېنىڭ ئىلتىجايىمسىز نە شەبنەم، نە يامغۇر ياغمايدۇ! _ دېدى.

2ئاندىن پەرۋەردىگار ئىلياسقا مۇنداق دېدى:

3_ سەن بۇ يەردىن ئايرىلىپ، شەرق تەرەپكە قاراپ مېڭىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى كىرىت ئېقىنى بويىغا يوشۇرۇنۇۋال. 4سەن شۇ ئېقىننىڭ سۈيىنى ئىچىسەن. مەن قاغىلارنى ساڭا ئوزۇق ئەكېلىپ بېرىشكە بۇيرۇدۇم.

5شۇنىڭ بىلەن ئىلياس پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى بويىچە ئىش كۆرۈپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى كىرىت ئېقىنىغا كېلىپ، ئۇ يەردە تۇردى. 6قاغىلار ئەتىگىنى ھەم كېچىسى ئۇنىڭغا نان بىلەن گۆش يەتكۈزۈپ بېرىپ تۇردى. ئۇ ئېقىندىن سۇ ئىچتى. 7لېكىن ئۇ زېمىندا يامغۇر ياغمىغاچقا، بىر مەزگىلدىن كېيىن ئېقىن سۈيى قۇرۇپ كەتتى.

تۇل خوتۇننىڭ يېمەكلىكىنىڭ تۈگىمەسلىكى

8ئاندىن پەرۋەردىگار ئىلياس پەيغەمبەرگە مۇنداق دېدى:

9_ ئورنۇڭدىن تۇر، سىدوندىكى زارىفاتقا بېرىپ، شۇ يەردە تۇر. مەن ئۇ يەردىكى بىر تۇل خوتۇننى سېنى بېقىشقا ئورۇنلاشتۇردۇم.

10ئىلياس ئورنىدىن تۇرۇپ، زارىفاتقا باردى. ئۇ شەھەر دەرۋازىسىغا ئاز قالغاندا، ئۇ يەردە راستتىنلا بىر تۇل خوتۇن ئوتۇن تېرىپ يۈرەتتى. ئىلياس ئۇنىڭدىن:

_ ماڭا ئىچكىلى ئازراق سۇ ئەكېلىپ بەرگەن بولسىڭىز! _ دەپ ئۆتۈندى.

11ئۇ ئايال سۇ ئالغىلى ماڭغاندا، ئۇ يەنە ئۇنىڭغا:

_ ماڭا بىر بۇردا نانمۇ ئالغاچ كەلسىڭىز، _ دەپ توۋلىدى.

12_ مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارىڭىز خۇدا ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، مەندە نان قالمىدى. ئىدىشتا بىر سىقىم ئۇن، كوزىدا ئازغىنا ماي قالدى. مانا، مەن ھازىر ئوتۇن تېرىۋاتىمەن، قايتىپ بېرىپ، ئۆزۈمگە ۋە ئوغلۇمغا ئاخىرقى غىزا تەييارلايمەن. تاماقنى يەپ بولساقلا ئۆلۈمنى كۈتىمىز، _ دېدى ئۇ.

13لېكىن ئىلياس ئۇنىڭغا:

_ قورقماڭ، بېرىپ، دېگىنىڭىزدەك قىلىڭ، لېكىن ئالدى بىلەن قالغان ئۇن ۋە مايدىن ماڭا بىر توقاچ يېقىپ ئەكېلىپ بېرىڭ. ئاندىن ئۆزىڭىز بىلەن ئوغلىڭىزغا يېقىڭ. 14چۈنكى ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «مەن پەرۋەردىگار يەر يۈزىگە يامغۇر ياغدۇرغۇچە، ئىدىشتىكى ئۇن تۈگىمەيدۇ، ماي كوزىسى قۇرۇقدىلىپ قالمايدۇ.» _ دېدى.

15ئۇ بېرىپ، ئىلياسنىڭ دېگەن گېپى بويىچە ئىش كۆردى. ئىلياس ۋە ئۇ ئايالنىڭ ئائىلىسىدىكلەرنىڭ يېمەكلىكى خېلى ئۇزۇن ۋاقىتلارغىچە يېتەرلىك بولدى. 16خۇددى پەرۋەردىگار ئىلياس ئارقىلىق ئېيتقاندەك، ئىدىشتىكى ئۇن تۈگىمىدى، ماي كوزىسىمۇ قۇرۇقدىلىپ قالمىدى.

تۇل خوتۇننىڭ ئوغلىنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشى

17شۇ ئىشلاردىن كېيىن ئۆينىڭ ئىگىسى بولغان تۇل خوتۇننىڭ ئوغلى كېسەل بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ كېسىلى بەك ئېغىرلاپ كەتكەنلىكتىن نەپىسى توختاپ قالغانىدى. 18شۇنىڭ بىلەن ئۇ خوتۇن ئىلياسقا:

_ ئى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى، ماڭا نېمە ئۈچۈن مۇنداق مۇئامىلە قىلىسىز؟ سىز بۇ يەرگە گۇناھلىرىمنى ئېسىمگە سالغىلى ۋە ئوغلۇمنى ئۆلتۈرگىلى كەلدىڭىزمۇ؟ _ دېدى.

19_ ئوغلىڭىزنى ماڭا تاپشۇرۇڭ! _ دېدى ئىلياس ئۇنىڭغا.

ئاندىن ئۇ ئۇنىڭ قۇچىقىدىن بالىنى ئېلىپ، ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ئۆزى تۇرىدىغان ھۇجرىغا ئېلىپ چىقىپ، كارىۋىتىغا قويدى. 20ئىلياس پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلىپ:

_ ئى پەرۋەردىگارىم خۇدا، سەن راستتىنلا مەن بىلەن تۇرۇۋاتقان مۇشۇ تۇل خوتۇننىڭ ئوغلىنىڭ جېنىنى ئېلىپ، ئۇنىڭ بېشىغا بالا-قازا كەلتۈرەمسەن؟ _ دەپ سورىدى.

21ئاندىن ئىلياس بالىنىڭ ئۈستىدە ئۈچ قېتىم يېتىپ، پەرۋەردىگارغا:

_ ئى پەرۋەردىگارىم خۇدا، بۇ بالىنىڭ جېنىنى قايتۇرۇپ بەرگەيسەن، _ دەپ ئىلتىجا قىلدى.

22پەرۋەردىگار ئىلياسنىڭ گېپىگە قۇلاق سالدى. بالىنىڭ جېنى تېنىگە قايتىپ كەلدى. بالا تىرىلدى. 23ئىلياس بالىنى كۆتۈرۈپ، ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ھۇجرىدىن پەسكە چۈشۈپ، بالىنى ئانىسىغا تۇتقۇزۇپ:

_ قاراڭ، بالىڭىز تىرىك! _ دېدى.

24_ مەن سىزنىڭ خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئىكەنلىكىڭىزنى، ئاغزىڭىزدىن چىققان پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى ئەمدى بىلدىم، _ دېدى ئۇ تۇل خوتۇن ئىلياسقا.


18

ئىلياس بىلەن ئوبادىيانىڭ ئۇچرىشىشى

1ئۇزۇن ۋاقىتلار ئۆتۈپ، قۇرغاقچىلىقنىڭ ئۈچىنچى يىلىدا پەرۋەردىگار ئىلياسقا مۇنداق دېدى:

_ سەن بېرىپ، ئاخابقا ئۆزۈڭنى ئايان قىلغىن، مەن يەر يۈزىگە يامغۇر ياغدۇرىمەن.

2شۇنىڭ بىلەن ئىلياس ئاخاب پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈشكە يولغا چىقتى.

ئۇ چاغدا سامارىيەدىكى ئاچارچىلىق ئېغىرلىشىپ كەتكەنىدى. 3ئاخاب پادىشاھ، ئوردىسىنىڭ غوجىدارى ئوبادىيانى چاقىرتتى. (ئوبادىيا پەرۋەردىگارغا تولىمۇ ئىخلاسمەن ئادەم ئىدى. 4ئاخابنىڭ ئايالى ئىزەبەل پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئۆلتۈرۈۋاتقاندا، ئوبادىيا ئۇلاردىن يۈز ئادەمنى ئېلىپ مېڭىپ، ئەللىكتىن قىلىپ، ئىككى ئۆڭكۈرگە يوشۇرۇپ، ئۇلارنى نان ھەم سۇ بىلەن تەمىنلىگەنىدى.) 5ئاخاب پادىشاھ ئوبادىياغا:

_ سەن زېمىننى ئارىلاپ، پۈتۈن بۇلاق ھەم ئېقىنلارغىچە بېرىپ باق، ئات، قېچىرلارنىڭ جېنىنى ساقلىغۇدەك ئوتلاقلارنى تاپالىساق ئەجەب ئەمەس، ئۇ چاغدا ماللارنى ئۆلتۈرۈشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ، _ دېدى.

6شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئىككىگە بۆلۈنۈپ، يۇرتلارنى چارلاشقا ماڭدى. ئاخاب پادىشاھ ئۆز ئالدىغا بىر يولغا، ئوبادىيامۇ ئۆز ئالدىغا باشقا بىر يولغا ماڭدى. 7ئوبادىيا يولدا كېتىۋاتقىنىدا، ئىلياس ئۇنى ئۇچراتتى. ئوبادىيا ئۇنى تونۇپ، بېشىنى يەرگە تەگكۈزۈپ تەزىم قىلىپ:

_ بۇ سىلىمۇ، ئى خوجام ئىلياس؟ _ دېدى.

8ئىلياس ئۇنىڭغا:

_ مەن شۇ. سەن بېرىپ خوجاڭغا: «ئىلياس مۇشۇ يەردە ئىكەن» دەپ ئېيتقىن، _ دېدى.

9ئوبادىيا ئۇنىڭغا:

_ قانداق گۇناھ ئۆتكۈزگىنىمگە مەن قۇللىرىنى خوجام ئاخابنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ ئۆلتۈرگۈزمەكچى بولىدىلا؟ 10مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، خوجام ئادەم ئەۋەتىپ، سىلىنى ئىزدىمىگەن بىرمۇ ئەل ياكى پادىشاھلىق قالمىدى. كىشىلەر ئەگەر سىلىنى «ئۇ يەردە يوق» دېسە، ئۇ شۇ پادىشاھلىق ياكى ئەلنى سىلىنى تاپالمىغانلىقىغا قەسەم ئىچكۈزدى. 11ئەمدى ئۆزلىرى: «سەن بېرىپ، خوجاڭغا ‹ئىلياس مۇشۇ يەردە ئىكەن› دەپ ئېيتقىن» دەۋاتىدىلا. 12مەن سىلىنىڭ يانلىرىدىن كەتسەم، پەرۋەردىگارنىڭ روھى سىلىنى مەن بىلمەيدىغان يەرگە ئېلىپ كەتسە، مەن بېرىپ، ئاخابقا دېسەم، ئۇ سىلىنى تاپالمىسا، كىچىكىمدىن تارتىپ پەرۋەردىگارغا ئىخلاسمەن بولۇپ كەلگەن مەن قۇللىرىنىمۇ ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ. 13خوجام، ئىزەبەل پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئۆلتۈرۈۋاتقان چاغدا مېنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن يۈز كىشىنى ئەللىكتىن قىلىپ، ئىككى ئۆڭكۈرگە يوشۇرۇپ، ئۇلارنى نان ھەم سۇ بىلەن تەمىنلىگىنىمدىن خەۋەر تاپتىلىمىكىن؟ 14ئەمدى ئۆزلىرى: «سەن بېرىپ، خوجاڭغا: ‹ئىلياس مۇشۇ يەردە ئىكەن› دەپ ئېيتقىن» دەۋاتىدىلا. ئۇنداق قىلسام ئۇ مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ، _ دېدى.

15ئەمما ئىلياس ئۇنىڭغا:

_ مەن خىزمىتىنى قىلىدىغان، مەڭگۈ ھايات قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، بۈگۈن مەن جەزمەن ئاخابقا ئۆزۈمنى ئايان قىلىمەن، _ دېدى.

ئىلياس ۋە بائالنىڭ پەيغەمبەرلىرى

16شۇنىڭ بىلەن، ئوبادىيا ئاخاب پادىشاھ بىلەن كۆرۈشكىلى بېرىپ، ئۇنىڭغا ئىلياسنىڭ خەۋىرىنى بەردى. ئاخاب ئىلياس بىلەن كۆرۈشكىلى باردى. 17ئاخاب ئىلياسقا:

_ ئىسرائىلىيەگە ئاۋارىچىلىك تېپىپ بەرگۈچى سەن ئەمەسمۇ؟ _ دېدى.

18_ ئىسرائىلىيەگە ئاۋارىچىلىك تېپىپ بەرگەن مەن ئەمەس، بەلكى سەن ۋە ئاتاڭنىڭ جەمەتى، چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى تاشلاپ، بائال بۇتلىرىغا ئەگەشتىڭلار. 19ئەمدى سەن ئادەم ئەۋەتىپ، بارلىق ئىسرائىل خەلقىنى ۋە ئۇلارغا قوشۇپ ئىزەبەلنىڭ داستىخىنىدىن غىزالىنىدىغان بائالنىڭ 450 پەيغەمبىرى بىلەن ئاشېرانىڭ 400 پەيغەمبىرىنى كارمەل تېغىغا چاقىرىپ، مېنىڭ ئالدىمدا جەم قىل، _ دېدى ئىلياس.

20ئاخاب پادىشاھ پۈتۈن ئىسرائىللارغا خەۋەر ئەۋەتىپ، ئۇلارنى ۋە پەيغەمبەرلەرنى كارمەل تېغىغا جەم قىلدى. 21ئىلياس خالايىققا يېقىن كېلىپ:

_ سىلەر قاچانغىچە ئىككىلىنىپ يۈرىسىلەر؟ ئەگەر پەرۋەردىگار «ياھۋەھ» ھەقىقىي خۇدا بولسا، «ياھۋەھ»كە ئەگىشىڭلار، بائال ھەقىقىي خۇدا بولسا بائالغا ئەگىشىڭلار، _ دېدى.

لېكىن خالايىق ئۇنىڭغا بىر ئېغىزمۇ جاۋاب بەرمىدى. 22ئاندىن ئىلياس خالايىققا:

_ پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن پەقەت مەنلا قالدىم، بائالنىڭ پەيغەمبەرلىرى بولسا 450. 23ئەمدى بىزگە ئىككى بۇقا كەلتۈرۈلسۇن. بائالنىڭ پەيغەمبەرلىرى ئۆزلىرىگە بۇقىدىن بىرنى تاللاپ، پارچىلاپ، ئوتۇننىڭ ئۈستىگە قويسۇن، لېكىن ئوت ياقمىسۇن. مەنمۇ يەنە بىر بۇقىنى پارچىلاپ، ئوتۇننىڭ ئۈستىگە قويىمەن، ئوت ياقمايمەن. 24سىلەرمۇ ئۆز خۇدايىڭلارنىڭ نامىغا ئىلتىجا قىلىڭلار، مەنمۇ پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا ئىلتىجا قىلىمەن. ئوت ئارقىلىق جاۋاب بەرگىنى ھەقىقىي خۇدادۇر، _ دېدى.

خالايىقنىڭ ھەممىسى:

_ بۇ ياخشى گەپ بولدى! _ دېيىشتى.

25ئىلياس بائالنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە:

_ سىلەرنىڭ ئادىمىڭلار كۆپ بولغاندىكىن، ئالدى بىلەن بىر بۇقىنى سىلەر ئۆزۈڭلار ئۈچۈن تاللاپ تەييارلاپ، خۇدايىڭلارنىڭ نامىغا ئىلتىجا قىلىڭلار، لېكىن ئوت ياقماڭلار، _ دېدى.

26ئۇلار ئۆزلىرىگە بېرىلگەن بۇقىنى ئەكېلىپ تەييارلاپ، ئەتىگەندىن چۈشكىچە بائالنىڭ نامىغا ئىلتىجا قىلىپ:

_ ئى بائال، بىزگە جاۋاب بەرگەيسەن! _ دېيىشتى.

لېكىن ھېچقانداق سادا چىقمىدى، ھېچكىممۇ جاۋاب قايتۇرمىدى. ئۇلار ئۆزلىرى سالغان قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئەتراپىدا ئۇسسۇل ئويناشتى. 27چۈش ۋاقتى كەلگەندە، ئىلياس ئۇلارنى مازاق قىلىپ:

_ ئۇ دېگەن «خۇدا» تۇرسا، يۇقىرى ئاۋازدا توۋلاپ ئىلتىجا قىلمامسىلەر؟ ئۇ بەلكىم چوڭقۇر خىيالغا چۈشۈپ كەتكەندۇ، ياكى ئالدىراشتۇ، ياكى ساياھەت قىلىپ يۈرگەندۇ، ياكى ئۇخلاپ قالغان بولسا ئويغىتىشىڭلار كېرەكتۇ، _ دېدى.

28ئاندىن ئۇلار ئۈنلۈك توۋلاپ، ئۆزلىرىنىڭ ئادىتى بويىچە ئۆزلىرىگە قىلىچ ۋە نەيزە سانجىپ، قان ئاققۇزدى. 29چۈشتىن كېيىنمۇ تاكى كەچلىك قۇربانلىق ۋاقتىغىچە داۋاملىق ئالا-تاغىل توۋلاشتى. لېكىن يەنىلا سادا چىقمىدى، جاۋابمۇ كەلمىدى، ھېچ ئېتىبار بېرىلمىدى.

30ئىلياس خالايىققا:

_ ماڭا يېقىن كېلىڭلار، _ دېۋىدى، جىمى خالايىق ئۇنىڭغا يېقىن كەلدى.

ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ چېقىپ تاشلانغان قۇربانلىق سۇپىسىنى قايتىدىن ياساپ چىقماقچى بولدى. 31پەرۋەردىگار بۇرۇن ياقۇپقا: «سېنىڭ ئىسمىڭ ئىسرائىل بولسۇن» دېگەنىدى. ئىلياس ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرىدىن كېلىپ چىققان قەبىلىلەرنىڭ سانى بويىچە ئون ئىككى تاشنى ئالدى. 32ئۇ بۇ تاشلار بىلەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق سۇپىسى سېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنى چۆرگۈلەپ ئالتە كىلو ئۇرۇق پاتقۇدەك ئورەك كولىدى. 33ئاندىن ئوتۇننى تىزىپ، بۇقىنى سويۇپ پارچىلاپ، ئوتۇننىڭ ئۈستىگە قويۇپ:

34_ قۇربانلىق ۋە ئوتۇننىڭ ئۈستىگە تۆت ئىدىش سۇ قۇيۇڭلار، _ دېدى.

ئۇ يەنە:

_ ئىككىنچى قېتىم قۇيۇڭلار، _ دېدى. ئۇلار ئىككىنچى قېتىم سۇ قۇيدى.

ئۇ يەنە:

_ ئۈچىنچى قېتىم قۇيۇڭلار، _ دېدى. ئۇلار ئۈچىنچى قېتىم سۇ قۇيدى. 35سۇ قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئەتراپىغا يېيىلدى. ئىلياس ئورەكنىمۇ سۇ بىلەن تولدۇردى.

36كەچلىك قۇربانلىق ۋاقتى كەلگەندە، ئىلياس پەيغەمبەر خالايىققا يېقىن كېلىپ:

_ ئى پەرۋەردىگار _ ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ئىسرائىل ئېتىقاد قىلغان خۇدا، بۈگۈن ئۆزۈڭنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ خۇداسى ئىكەنلىكىڭ، مېنىڭ سېنىڭ خىزمەتكارىڭ ئىكەنلىكىم ۋە مېنىڭ بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى سېنىڭ سۆزۈڭ بويىچە قىلغانلىقىم مەلۇم بولغاي. 37ماڭا جاۋاب بەرگىن، ئى پەرۋەردىگار، ماڭا جاۋاب بەرگىن! بۇ خەلق سېنىڭ ھەقىقىي خۇدا ئىكەنلىكىڭنى ۋە سېنىڭ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى توغرا يولغا باشلىغۇچى ئىكەنلىكىڭنى بىلسۇن، _ دېدى.

38شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئەرشتىن ئوت چۈشۈرۈپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى، ئوتۇننى، تاشلارنى ۋە توپىنى كۆيدۈرۈپ، ئورەكتىكى سۇنىمۇ قۇرۇتۇۋەتتى. 39جىمى خالايىق بۇنى كۆرۈپ، يەرگە باش ئۇرۇپ:

_ پەرۋەردىگار «ياھۋەھ» ھەقىقىي خۇدا ئىكەن! پەرۋەردىگار «ياھۋەھ» ھەقىقىي خۇدا ئىكەن! _ دېيىشتى.

40ئاندىن ئىلياس ئۇلارغا:

_ بائالنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى تۇتۇڭلار، بىرىنىمۇ قاچۇرۇپ قويماڭلار، _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئۇلارنى تۇتتى. ئىلياس ئۇلارنى قىشون ئېقىنىغا ئېلىپ چۈشۈپ، شۇ يەردە قەتل قىلدى.

قۇرغاقچىلىقنىڭ ئاياغلىشىشى

41ئۇنىڭدىن كېيىن ئىلياس ئاخاب پادىشاھقا:

_ سەن بېرىپ غىزالىنىپ، ئۇسسۇلۇق ئىچكىن! قاتتىق يامغۇر ياغىدىغان شەپە كېلىپ قالدى، _ دېدى.

42ئاخاب غىزالانغىلى كەتتى. لېكىن ئىلياس كارمەل تېغىنىڭ چوققىسىغا چىقىپ، بېشىنى تىزلىرىنىڭ ئارىسىغا قويۇپ يۈكۈنۈپ ياتتى. 43ئۇ خىزمەتكارىغا:

_ سەن بېرىپ، دېڭىز تەرەپكە قاراپ باققىن، _ دېدى.

ئۇ بېرىپ، قاراپ كېلىپ:

_ ھېچنېمە يوق ئىكەن، _ دېدى.

ئىلياس ئۇنىڭغا:

_ يەنە بېرىپ قارىغىن، _ دەپ، ئۇدا يەتتە قېتىم دېدى.

44يەتتىنچى قېتىمدا خىزمەتكار:

_ ئەنە، ئادەم ئالىقىنىچىلىك كېلىدىغان بىر كىچىك بۇلۇت دېڭىزدىن كۆتۈرۈلۈۋاتىدۇ، _ دېدى.

ئىلياس ئۇنىڭغا:

_ ئەمدى سەن بېرىپ، ئاخابقا: «يامغۇردا توسۇلۇپ قالماسلىقىڭ ئۈچۈن، ھارۋاڭنى قېتىپ، تاغدىن چۈش» دېگىن، _ دېدى.

45بۇلۇت ۋە بوران بىلەن ئاسمان بارا-بارا قاراڭغۇلىشىپ، قاتتىق يامغۇر يېغىشقا باشلىدى. ئاخاب ھارۋىسىغا چىقىپ، يىزرىئەل شەھىرىگە كەتتى. 46پەرۋەردىگارنىڭ قۇدرىتى ئىلياسقا چۈشتى. ئىلياس بېلىنى باغلاپ، ئاخابنىڭ ئالدىدا يۈگۈرۈپ، يىزرىئەلگە يېتىپ باردى.


19

ئىلياسنىڭ ئىزەبەلدىن قېچىپ يۈرۈشى

1ئاخاب پادىشاھ ئىلياس پەيغەمبەرنىڭ قىلغان پۈتۈن ئىشلىرىنى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ بائالنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى قىلىچ بىلەن قانداق ئۆلتۈرگەنلىكىنىڭ ھەممىسىنى ئايالى ئىزەبەلگە ئېيتىپ بەردى. 2ئىزەبەل بىر ئەلچى ئەۋەتىپ ئىلياسقا: «ئەتە مۇشۇ چاغدا سېنىڭ جېنىڭنى سەن ئاشۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ جېنىنى ئالغاندەك ئالمايدىغان بولسام، ئىلاھلار مېنى قاتتىق جازالىسۇن!» دېدى.

3ئىلياس قورقۇپ، ئورنىدىن قوپتى-دە، جېنىنى ئېلىپ قاچتى. ئۇ يەھۇدىيەدىكى بەئەرشەباغا كېلىپ، خىزمەتكارىنى شۇ يەردە قالدۇردى. 4ئۆزى بىر كۈنلۈك يول يۈرۈپ، چۆلگە ئىچكىرىلەپ كىرىپ، بىر تۈپ چاتقال تۈۋىگە كېلىپ ئولتۇرۇپ، پەرۋەردىگارغا:

_ ئى پەرۋەردىگار، بولدى تويدۇم، جېنىمنى ئال، مېنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمدىن ئارتۇق يېرىم يوق، _ دەپ خىتاب قىلدى.

5ئۇ چاتقالنىڭ تۈۋىدە يېتىپ ئۇخلاپ قالدى. توساتتىن بىر پەرىشتە ئۇنى نوقۇپ:

_ تۇر، غىزالىنىۋال! _ دېدى.

6ئۇ كۆزىنى ئېچىپ قارىسا، بېشىدا بىر كۆمەچ بىلەن بىر كوزا سۇ تۇرۇپتۇ. ئۇ غىزالىنىپ، يەنە ياتتى. 7پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى يەنە ئۇنى نوقۇپ:

_ تۇر، غىزالانغىن! بولمىسا، سەپىرىڭ ساڭا تەس كېلىدۇ، _ دېدى.

8شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، غىزالىنىپ، شۇ تاماقنىڭ كۈچى بىلەن قىرىق كېچە-كۈندۈز يول مېڭىپ، خۇدانىڭ تېغى بولغان سىناي تېغىغا كەلدى.

پەرۋەردىگارنىڭ سىناي تېغىدا ئىلياسقا ئايان بولۇشى

9ئىلياس كېچىنى بىر غاردا ئۆتكۈزدى. ئۇ يەردە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

_ ئەي ئىلياس، بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟

10_ ئى پەرۋەردىگار _ قۇدرەتلىك سەردار خۇدا، مەن ساڭا ئوتتەك قىزغىن بولۇپ كەلگەن بولساممۇ، لېكىن ئىسرائىللار سېنىڭ ئەھدەڭنى تاشلاپ، قۇربانلىق سۇپىلىرىڭنى چېقىپ، پەيغەمبەرلىرىڭنى قىلىچلاپ ئۆلتۈردى. يالغۇز مەنلا قالغانىدىم، ئۇلار ئەمدى مېنىڭمۇ جېنىمنى ئالماقچى بولۇشۇۋاتىدۇ، _ دېدى ئىلياس.

11_ سەن غاردىن چىقىپ، تاغدا مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇر، يېنىڭدىن ئۆتىمەن _ دېدى پەرۋەردىگار.

قاتتىق، كۈچلۈك بوران تاغلارنى يېرىپ، قورام تاشلارنى پارچىلىۋەتتى، لېكىن پەرۋەردىگار بوران بىلەن كەلمىدى. بوران ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، يەر تەۋرىدى، لېكىن پەرۋەردىگار يەر تەۋرەش بىلەنمۇ كەلمىدى. 12يەر تەۋرەش توختىغاندىن كېيىن، ئوت پەيدا بولدى، لېكىن پەرۋەردىگار ئوت بىلەنمۇ كەلمىدى. ئوت ئۆچكەندىن كېيىن، مەيىن شامالنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.

13ئىلياس بۇنى ئاڭلاپ، تونى بىلەن يۈزىنى ئېتىپ چىقىپ، غارنىڭ ئېغىزىدا تۇردى. ئاندىن ئۇنىڭغا:

_ ئەي ئىلياس، بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟ _ دېگەن سادا ئاڭلاندى.

14ئىلياس جاۋابەن:

_ ئى پەرۋەردىگار _ قۇدرەتلىك سەردار خۇدا، مەن ساڭا ئوتتەك قىزغىن بولۇپ كەلگەن بولساممۇ، لېكىن ئىسرائىللار سېنىڭ ئەھدەڭنى تاشلاپ، قۇربانلىق سۇپىلىرىڭنى چېقىپ، پەيغەمبەرلىرىڭنى قىلىچلاپ ئۆلتۈردى. يالغۇز مەنلا قالغانىدىم، ئۇلار ئەمدى مېنىڭمۇ جېنىمنى ئالماقچى بولۇشىۋاتىدۇ، _ دېدى.

15پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا:

_ ئەمدى كەلگەن يولۇڭ بىلەن قايتىپ، دەمەشقنىڭ چۆلىگە بار. ئۇ يەرگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، خازائېلنىڭ بېشىغا ياغ قۇيۇپ، ئۇنى ئاررامنىڭ پادىشاھلىقىغا تەيىنلە. 16يەنە نىمشىنىڭ نەۋرىسى يېھۇنىڭ بېشىغا ياغ قۇيۇپ، ئۇنى ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھلىقىغا تەيىنلە. ئابېل-مىخولالىق شافاتنىڭ ئوغلى ئېلىشانى سېنىڭ ئورنۇڭدا پەيغەمبەرلىككە تەيىنلە. 17خازائېلنىڭ قىلىچىدىن قۇتۇلۇپ قالغان ھەرقانداق كىشىنى يېھۇ ئۆلتۈرىدۇ، يېھۇنىڭ قىلىچىدىن قۇتۇلۇپ قالغان ھەرقانداق كىشىنى ئېلىشا ئۆلتۈرىدۇ. 18مەن، ئىسرائىللاردىن بائال دېگەن بۇتقا تىز پۈكۈپ، سەجدە قىلمىغان ۋە ئۇنى لېۋى بىلەن سۆيمىگەن يەتتە مىڭ كىشىنى قالدۇرىمەن، _ دېدى.

ئىلياسنىڭ ئېلىشانى چاقىرىشى

19شۇنىڭ بىلەن ئىلياس ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، شافاتنىڭ ئوغلى ئېلىشانى ئىزدەپ تاپتى. بۇ چاغدا ئېلىشا قوش ھەيدەۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئالدىدا ئون ئىككى جۈپ ئۆكۈز بولۇپ، ئۇ ئون ئىككىنچى جۈپ ئۆكۈز بىلەن بىللە تۇراتتى. ئىلياس ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۆزىنىڭ تونىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە ياپتى. 20ئېلىشا ئۆكۈزلىرىنى تاشلاپ قويۇپ، ئىلياسنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈرۈپ:

_ ئاتا-ئانامنى سۆيۈپ خوشلىشىۋېلىشىمغا رۇخسەت قىلسىڭىز، ئاندىن سىزگە ئەگەشسەم، _ دېدى.

ئىلياس ئۇنىڭغا:

_ بېرىشىڭ زۆرۈر بولسا، بېرىپ كەل، _ دېدى.

21شۇنىڭ بىلەن ئېلىشا ئۇنىڭ قېشىدىن كەتتى. ئۇ بىر جۈپ ئۆكۈزىنى يېتىلەپ كېلىپ، قۇربانلىق قىلدى، ئۇ ئۆكۈزنىڭ جابدۇقلىرىنى ئوتۇن قىلىپ، گۆشىنى پىشۇرۇپ، جامائەتكە تارقىتىپ بەردى، ئۇلار گۆشلەرنى يېيىشتى. ئاندىن ئۇ ئىلياسقا ئەگەشتى ۋە ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولدى.


20

ئارراملارنىڭ سامارىيەنى قورشىۋېلىشى

1بىر كۈنى ئاررام پادىشاھى بەنھاداد پۈتۈن قوشۇنىنى يىغدى. ئۇ قول ئاستىدىكى 32 بەگ ۋە ئۇلارنىڭ ئاتلىرى ۋە جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن بىرگە، سامارىيەگە قورشاپ ھۇجۇم قىلدى. 2ئۇ شەھەرگە ئەلچى ئەۋەتىپ، ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخابقا 3مۇنداق دېدى:

_ بەنھاداد پادىشاھ دەيدۇ: «سېنىڭ ئالتۇن-كۈمۈشلىرىڭ، خوتۇنلىرىڭ شۇنداقلا بالىلىرىڭنىڭ كۈچتۈڭگۈرلىرى مېنىڭكى».

4ئىسرائىلىيە پادىشاھى جاۋابەن:

_ ئى پادىشاھ ئالىيلىرى، سىلىنىڭ سۆزلىرى بويىچە بولغاي. مەن ۋە مەندە بار ھەممە نەرسە ئۆزلىرىنىڭكىدۇر، _ دېدى.

5ئەلچىلەر يەنە كېلىپ:

_ بەنھاداد پادىشاھ دەيدۇكى: «مەن ساڭا ئالتۇن-كۈمۈشلىرىڭ ۋە خوتۇن-بالىلىرىڭنى بېرىسەن دەپ ئېيتقانىدىم. 6بىراق، ئەتە مۇشۇ ۋاقىتتا مەن ئەمەلدارلىرىمنى قېشىڭغا ئەۋەتىمەن، ئۇلار سېنىڭ ئورداڭ بىلەن ئەمەلدارلىرىڭنىڭ ئۆيلىرىنى ئاختۇرىدۇ. ئۇلار سېنىڭ نەزىرىڭدە نېمە ئەزىز بولسا، شۇنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كېتىدۇ»، _ دېدى.

7ئىسرائىلىيە پادىشاھى زېمىنىدىكى ئاقساقاللارنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ، ئۇلارغا:

_ بۇ ئادەمنىڭ نىيىتىنىڭ يامانلىقىغا قاراڭلار. ئۇ، ئادەم ئەۋەتىپ، خوتۇن-بالىلىرىمنى ۋە ئالتۇن-كۈمۈشلىرىمنى تەلەپ قىلغاندا، مەن ئۇنىڭغا ياق دېمىدىم، _ دېدى.

8ئاقساقاللار ۋە خالايىقنىڭ ھەممىسى:

_ ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىسىلا ھەم ماقۇل بولمىسىلا! _ دېيىشتى.

9شۇنىڭ بىلەن ئاخاب بەنھادادنىڭ ئەلچىلىرىگە:

_ پادىشاھ ئالىيلىرىغا مۇنۇ سۆزۈمنى يەتكۈزۈپ قويغايسىلەر: «كەمىنىلىرىدىن دەسلەپتە تەلەپ قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئورۇنلايمەن، لېكىن كېيىنكى تەلەپنى مەن ئورۇنلىيالمايمەن»، _ دېدى.

ئەلچىلەر قايتىپ، بۇ سۆزنى بەنھادادقا يەتكۈزدى. 10بەنھاداد ئاخابقا خەۋەر ئەۋەتىپ:

_ پۈتۈن سامارىيەنى يەر بىلەن يەكسان قىلىپ، تۈزلەپ تاشلىغىنىمدا، ئۇ يەردە ماڭا ئەگەشكەن كىشىلەرنىڭ قولىغا چىققۇدەك يىڭنە چاغلىق بىر نەرسە قالىدىغان بولسا، ئىلاھلار مېنى ئېغىر جازالىغاي، _ دېدى.

11شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلىيە پادىشاھى:

_ ئۇنىڭغا: «ئادەم دۇبۇلغا-ساۋۇتنى كىيىشتىن بۇرۇن ئەمەس، بەلكى يەشكەندىن كېيىن ماختىنىشى كېرەك!» دەڭلار _ دېدى.

12بەنھاداد بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندا، بەگلەر بىلەن چېدىردا شاراب ئىچىۋاتاتتى. ئۇ قول ئاستىدىكىلەرگە:

_ ھۇجۇمغا تەييارلىنىڭلار! _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سامارىيەگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلاندى.

ئارراملارغا قارشى تۇنجى جەڭ

13بۇ چاغدا بىر پەيغەمبەر ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخابنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا:

_ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇ زور قوشۇننى كۆردۈڭمۇ؟ مانا بۈگۈن مەن ئۇلارنى سېنىڭ قولۇڭغا چۈشۈرۈپ بېرىمەن. شۇ چاغدا سەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىسەن»، _ دېدى.

14ئاخاب ئۇنىڭدىن:

_ كىم ئارقىلىق بېرىدۇ؟ _ دەپ سورىدى.

_ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۆلكە ھۆكۈمرانلىرىنىڭ قول ئاستىدىكى ياش پالۋانلار ئارقىلىق»، _ دېدى پەيغەمبەر.

ئاخاب:

_ جەڭنى كىم باشلايدۇ؟ _ دەپ سورىدى.

_ سىلى، _ دېدى پەيغەمبەر.

15شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆلكە ھۆكۈمرانلىرىنىڭ قول ئاستىدىكى ياش پالۋانلارنى چاقىردى. ئۇلار 232 ئادەم ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يەنە پۈتۈن ئىسرائىلىيە قوشۇنىنى چاقىردى. ئۇلارنىڭ سانى 7000 ئادەم ئىدى. 16چۈش ۋاقتىدا بەنھاداد ۋە ئۇنىڭغا ياردەمدە بولغان 32 بەگ چېدىردا شاراب ئىچىپ مەست بولۇپ ئولتۇرۇۋاتقاندا، ئىسرائىللار ھۇجۇمغا چىقتى. 17ئالدى بىلەن ئۆلكە ھۆكۈمرانلىرىنىڭ قول ئاستىدىكى ياش پالۋانلار شەھەردىن چىقتى. بەنھاداد ئايغاقچىلارنى ئەۋەتكەنىدى، ئۇلار ئۇنىڭغا:

_ سامارىيەدىن ئادەملەر چىقتى، _ دېدى.

18بەنھاداد:

_ مەيلى ئۇلار تىنچلىق ئۈچۈن چىققان بولسۇن ياكى جەڭ قىلىش ئۈچۈن چىققان بولسۇن، ئۇلارنى تىرىك تۇتۇڭلار! _ دېدى.

19ئۇ ۋاقىتتا ئۆلكە ھۆكۈمرانلىرىنىڭ قول ئاستىدىكى ياش پالۋانلار ۋە ئۇلارغا ئەگىشىپ ماڭغان قوشۇن شەھەردىن چىقىپ بولغانىدى. 20ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆزىگە ئۇچرىغان دۈشمەننى ئۆلتۈردى. ئارراملار قېچىشتى، ئىسرائىللار كەينىدىن قوغلاپ ماڭدى. ئاررام پادىشاھى بەنھاداد ئاتقا مىنىپ، بىرنەچچە ئاتلىقلار بىلەن بىللە قاچتى. 21ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخاب ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئارراملارنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىرىغا زەربە بېرىپ، ئۇلارنى زور دەرىجىدە قىرغىن قىلدى.

ئارراملارغا قارشى ئىككىنچى جەڭ

22ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ پەيغەمبەر ئىسرائىلىيە پادىشاھىنىڭ قېشىغا كېلىپ:

_ بېرىپ ئۆزلىرىنى كۈچەيتىپ، نېمە قىلىش كېرەكلىكلىرىنى ياخشى بىلسىلە. چۈنكى ئەتىياز كېلىشى بىلەن ئاررام پادىشاھى قايتىدىن سىلىگە قارشى چىقىدۇ، _ دېدى.

23ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئاررام پادىشاھىنىڭ ئەمەلدارلىرى پادىشاھقا:

_ ئۇلارنىڭ ئىلاھى تاغ ئىلاھى بولغاچقا، بىزدىن كۈچلۈك كەلدى. بىراق بىز ئۇلار بىلەن تۈزلەڭلىكتە جەڭ قىلساق، جەزمەن ئۇلاردىن كۈچلۈك كېلەلەيمىز. 24مۇنداق قىلغايلا: بەگلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ھوقۇقىنى ئېلىپ تاشلاپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا سەردارلارنى قويغايلا. 25ئالدىنقى قېتىم قانچىلىك لەشكەر، ئات، جەڭ ھارۋىسى يوقاتقان بولسىلا، شۇنچىلىك لەشكەر، ئات، جەڭ ھارۋىسى توپلاپ، قوشۇن تەشكىل قىلغايلا. ئاندىن بىز تۈزلەڭلىكتە ئۇلارغا قارشى جەڭ قىلايلى. شۇنداق بولغاندا بىز جەزمەن ئۇلاردىن كۈچلۈك چىقالايمىز، _ دېدى.

ئاررام پادىشاھى ئۇلارنىڭ گېپىگە قۇلاق سېلىپ، شۇ بويىچە ئىش كۆردى.

26ئەتىياز كېلىشى بىلەن بەنھاداد قوشۇنلىرىنى يىغىپ، ئىسرائىللارغا قارشى جەڭ قىلىش ئۈچۈن ئافېققا باردى. 27ئىسرائىللارمۇ قوشۇنىنى توپلاپ، ئوزۇق-تۈلۈك تەييارلاپ، ئۇلارغا قارشى ئاتلاندى. ئىسرائىللار ئارراملارغا ئۇدۇل يەردە بارگاھ قۇردى. بىراق ئۇلار دالانى قاپلىغان ئارراملارنىڭ ئالدىدا، خۇددى ئىككى كىچىك ئۆچكە توپىدەك ئىدى.

28خۇدانىڭ يەنە بىر پەيغەمبىرى ئىسرائىلىيە پادىشاھىنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا:

_ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئارراملار مېنى، تۈزلەڭلىك ئىلاھى ئەمەس، بەلكى تاغ ئىلاھى، دېگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ بۇ زور قوشۇنىنىڭ ھەممىسىنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىمەن. ئاندىن سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىسىلەر»، _ دېدى.

29ئىسرائىللار بىلەن ئارراملار يەتتە كۈن بىر-بىرىنىڭ ئۇدۇلىدا بارگاھ قۇرۇپ تۇرۇشتى. يەتتىنچى كۈنى جەڭ باشلاندى. ئىسرائىللار بىر كۈن ئىچىدە ئاررام پىيادە لەشكەرلىرىدىن 100 مىڭ كىشىنى قىرىپ تاشلىدى. 30ھايات قالغانلار ئافېق شەھىرىگە قېچىپ كىرىۋالغان بولسىمۇ، شەھەر سېپىلى ئۆرۈلۈپ، 27 مىڭ ئادەمنىڭ ھەممىسىنى بېسىۋالدى.

ئاخاب پادىشاھنىڭ بەنھاداد پادىشاھقا رەھىم قىلىشى

بەنھادادمۇ شەھەرگە قېچىپ كىرىپ، بىر ئۆينىڭ ئەڭ ئىچكىرىسىدىكى خانىسىغا يوشۇرۇنۇۋالدى. 31ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭغا:

_ ئاڭلىشىمىزچە ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرى رەھىمدىل ئىكەن. بىزنىڭ ئىسرائىلىيە پادىشاھىنىڭ يېنىغا بېرىشىمىزغا رۇخسەت قىلغايلا، بىز بېلىمىزگە ماتا باغلاپ، بوينىمىزغا ئارغامچا سالايلى. ئۇ ئۆزلىرىنىڭ بىر قوشۇق قانلىرىدىن كەچسە ئەجەب ئەمەس، _ دېدى.

32شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بەللىرىگە ماتا باغلانغان، بويۇنلىرىغا ئارغامچا سېلىنغان ھالەتتە ئىسرائىلىيە پادىشاھىنىڭ ئالدىغا بېرىپ:

_ قۇللىرى بەنھاداد ئۆزلىرىدىن بىر قوشۇق قېنىنى تىلەيدۇ، _ دېدى.

_ ئۇ تېخى ھاياتمۇ؟ ئۇ دېگەن مېنىڭ قېرىندىشىم! _ دېدى ئاخاب.

33ئەمەلدارلار بۇنى بىر ياخشىلىقنىڭ بېشارىتى دەپ چۈشىنىپ، تېزدىن بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ:

_ بەنھاداد سىلىنىڭ قېرىنداشلىرىدۇر! _ دېيىشتى.

ئاخاب:

_ ئۇنى يېنىمغا ئېلىپ كېلىڭلار! _ دېدى.

بەنھاداد ئۇنىڭ يېنىغا كەلگەندە، ئاخاب ئۇنى ئۆز ھارۋىسىغا چىقىشقا تەكلىپ قىلدى.

34بەنھاداد ئۇنىڭغا:

_ ئاتام سىلىنىڭ ئاتىلىرىدىن تارتىۋالغان شەھەرلەرنى سىلىگە قايتۇرۇپ بېرەي. خۇددى ئاتام سامارىيەدە قىلغىنىدەك، سىلىمۇ دەمەشقتە ئۆزلىرىگە بازارلارنى سالدۇرغايلا، _ دېدى.

ئىسرائىلىيە پادىشاھى جاۋابەن:

_ مۇشۇ سۈلھى بىلەن مەن سېنى قويۇۋېتىمەن، _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن ئاخاب ئۇنىڭ بىلەن سۈلھى تۈزۈپ، ئۇنى قويۇۋەتتى.

پەيغەمبەرنىڭ ئاخابنى ئەيىبلىشى

35پەيغەمبەرلەر جامائىتىدىن بىر پەيغەمبەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بىلەن يەنە بىر پەيغەمبەرگە:

_ مېنى ئۇر، _ دېدى.

بىراق ئۇ ئۇنداق قىلىشقا ئۇنىمىدى. 36ئاندىن ئۇ پەيغەمبەر ئۇنىڭغا:

_ سەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىغانلىقىڭ ئۈچۈن، مېنىڭ يېنىمدىن كېتىشىڭ بىلەنلا سېنى بىر شىر ئۆلتۈرىدۇ، _ دېدى.

ئۇ، پەيغەمبەرنىڭ يېنىدىن كېتىشىگىلا، دەرۋەقە بىر شىر ئۇنى ئۆلتۈردى.

37ئۇ پەيغەمبەر يەنە بىر كىشىنىڭ يېنىغا بېرىپ:

_ مېنى ئۇرغىن! _ دېدى.

ئۇ كىشى ئۇنى ئۇرۇپ يارىلاندۇردى. 38پەيغەمبەر ئۇ يەردىن كېتىپ، يۈز-كۆزىنى رەخت بىلەن تېڭىپ، باشقا ئادەم قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، يولنىڭ بويىدا ئاخاب پادىشاھنىڭ ئۆتۈشىنى كۈتۈپ تۇردى. 39پادىشاھ ئۆتكەندە، پەيغەمبەر ۋارقىراپ:

_ مەن قۇللىرى جەڭ بولۇۋاتقان مەيدانغا بارسام، بىرسى مەن تەرەپكە بۇرۇلۇپ، ئەسىر ئالغان بىر ئادەمنى مېنىڭ قېشىمغا ئېلىپ كېلىپ: «بۇ ئادەمگە قاراپ تۇر، ئەگەر ئۇنى قاچۇرۇپ قويىدىغان بولساڭ، ئۇنىڭ جېنى ئورنىغا ئۆز جېنىڭنى بېرىسەن. بولمىسا ئوتتۇز بەش كىلو كۈمۈش تۆلەيسەن» دېگەنىدى. 40لېكىن مەن قۇللىرى باشقا ئىش بىلەن بولۇپ كېتىپتىمەن، ئۇ قېچىپ كېتىپتۇ، _ دېدى.

_ سەن جازاغا تارتىلىشىڭ كېرەك. ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ قىلدىڭ، _ دېدى ئاخاب پادىشاھ.

41پەيغەمبەر دەرھال يۈز-كۆزىدىكى رەختنى ئېلىپ تاشلىغانىدى، پادىشاھ ئۇنىڭ پەيغەمبەرلەردىن ئىكەنلىكىنى تونۇپ قالدى. 42شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر پادىشاھقا:

_ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن يوقىتىشنى ئىرادە قىلغان ئادەمنى قولدىن چىقارغانلىقىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭ جېنى ئورنىغا ئۆز جېنىڭنى بېرىسەن. ئادەملىرىڭمۇ ئۇلارنىڭ ئادەملىرى ئورنىغا جېنىنى بېرىدۇ»، _ دېدى.

43پادىشاھ خاپا بولۇپ، غەزەپلەنگەن ھالدا سامارىيەدىكى ئوردىسىغا قايتىپ كەلدى.


21

نابوتنىڭ ئۈزۈمزارلىقى

1بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن مۇنداق ئىش يۈز بەردى: نابوت ئىسىملىك يىزرىئەللىك بىر كىشى بار بولۇپ، ئۇنىڭ بىر ئۈزۈمزارلىقى بار ئىدى. بۇ ئۈزۈمزارلىق يىزرىئەل شەھىرىدىكى سامارىيە پادىشاھى ئاخابنىڭ ئوردىسىنىڭ يېنىدا ئىدى.

2بىر كۈنى پادىشاھ ئاخاب ئۇنىڭغا:

_ ئۈزۈمزارلىقىڭنى ماڭا بەرگىن! ئۇ ئوردامنىڭ يېنىدا ئىكەن. مەن بۇ يەرنى كۆكتاتلىق قىلماقچى. مەن ساڭا ئۇنىڭ ئورنىغا تېخىمۇ ياخشى ئۈزۈمزارلىقنى بېرەي، ياكى خالىساڭ ئۇنىڭ باھاسىدا پۇل بېرەي، _ دېدى.

3بىراق نابوت ئاخابقا:

_ ئاتا-بوۋىلىرىمدىن قالغان بۇ مىراسنى سىلىگە بېرىشىمدىن پەرۋەردىگار ئۆزى ساقلىسۇن، _ دېدى.*

4ئاخاب ئوردىسىغا قايتىپ كېلىپ، نابوتنىڭ: «مەن ساڭا ئاتا-بوۋىلىرىمدىن قالغان مىراسنى بەرمەيمەن» دېگەن گېپىدىن خاپا بولۇپ، غەزەپلەنگەن ھالدا تەتۈر قاراپ يېتىۋالدى، تاماقمۇ يېمىدى.

5ئايالى ئىزەبەل ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ:

_ تاماقمۇ يېمىگۈدەك روھلىرى نېمىگە بۇنچە چۈشۈپ كەتتى؟ _ دېدى.

6ئۇ ئايالىغا:

_ چۈنكى مەن يىزرىئەللىك نابوتقا: «ئۈزۈمزارلىقىڭنى ماڭا پۇلغا سېتىپ بەرگىن، ياكى خالىساڭ ساڭا ئۇنىڭ ئورنىغا يەنە بىر ئۈزۈمزارلىق بېرەي» دېسەم، ئۇ ماڭا «مەن ساڭا ئۈزۈمزارلىقىمنى بەرمەيمەن» دەيدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى.

7ئايالى ئىزەبەل ئۇنىڭغا:

_ سىلى ھازىرمۇ ئىسرائىلىيەگە پادىشاھمۇ، ئەمەسمۇ؟ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، كۆڭۈللىرىنى خۇشال تۇتۇپ تاماق يېسىلە. نابوتنىڭ ئۈزۈمزارلىقىنى ئۆزلىرىگە مانا مەن ئېلىپ بېرىمەن! _ دېدى.

8شۇنداق قىلىپ ئىزەبەل ئاخابنىڭ نامىدا مەكتۇپلار يېزىپ، ئاخابنىڭ مۆھرىنى بېسىپ، ئۇلارنى نابوت بىلەن بىر شەھەردە تۇرۇشلۇق ئاقساقاللار ۋە ئېسىلزادىلەرگە ئەۋەتتى.

9ئۇ مەكتۇپلارغا مۇنۇلارنى يازدى:

«بىر كۈن روزا تۇتۇشنى جاكارلاپ، نابوتنى خەلق ئارىسىدا تۆرگە ئولتۇرغۇزۇڭلار. 10ئىككى يارىماس ئادەمنى ئۇنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلغۇزۇڭلار. ئۇلار: ‹سەن خۇدا ۋە پادىشاھقا لەنەت ئېيتتىڭ› دېسۇن. ئاندىن نابوتنى سىرتقا ئېلىپ چىقىپ، چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈڭلار.»

11نابوت بىلەن بىر شەھەردە تۇرغۇچى ئاقساقاللار ۋە ئېسىلزادىلەر ئىزەبەلنىڭ مەكتۇپلىرىدە بۇيرۇغىنى بويىچە ئىش كۆردى. 12ئۇلار بىر كۈن روزا تۇتۇشنى جاكارلاپ، نابوتنى خەلق ئارىسىدا تۆرگە ئولتۇرغۇزدى. 13ئاندىن ئىككى يارىماس ئادەم كىرىپ، نابوتنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ، ئۇنى شىكايەت قىلىپ، خالايىق ئالدىدا: «نابوت خۇدا ۋە پادىشاھقا لەنەت ئېيتتى» دېدى. شۇنىڭ بىلەن جامائەت نابوتنى شەھەر سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ، چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈردى. 14ئاندىن ئۇلار ئىزەبەلگە: «نابوت چالما-كېسەك قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلدى» دېگەن خەۋەرنى يەتكۈزدى.

15ئىزەبەل نابوتنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىشى بىلەن ئاخابقا:

_ نابوت ھايات ئەمەس، ئۆلدى. ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، نابوت سىلىگە پۇلغا سېتىپ بېرىشكە ئۇنىمىغان ئۈزۈمزارلىققا ئىگىدارلىق قىلسىلا، _ دېدى.

16ئاخاب نابوتنىڭ ئۆلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۈزۈمزارلىقىغا ئىگىدارلىق قىلغىلى باردى.

17شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار تىشبىلىك ئىلياسقا مۇنداق دېدى:

18_ تۇر، سامارىيەدە ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈۋاتقان ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخاب بىلەن كۆرۈشكىلى بار. ئۇ ھازىر نابوتنىڭ ئۈزۈمزارلىقىغا ئىگىدارلىق قىلىش ئۈچۈن ئۇ يەرگە باردى. 19سەن ئۇنىڭغا مۇنداق دە: «پەرۋەردىگار دەيدۇ: ‹سەن بىر ئادەمگە قاتىللىق قىلىپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭ يېرىنىمۇ تارتىۋالامسەن؟›». ئۇنىڭغا يەنە مۇنداق دە: «پەرۋەردىگار دەيدۇ: ‹ئىتلار نابوتنىڭ قېنىنى قەيەردە يالىغان بولسا، شۇ يەردە سېنىڭ قېنىڭنىمۇ يالايدۇ!›».

20ئاخاب ئىلياسقا:

_ ئەي دۈشمىنىم، مېنى تېپىۋالدىڭمۇ؟ _ دېدى.

ئىلياس جاۋابەن مۇنداق دېدى:

_ سېنى تاپتىم، چۈنكى سەن يامانلىققا بېرىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدىڭ. 21شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۈستۈڭگە بالايىئاپەت ياغدۇرىمەن، سېنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، قېرى، ياش دېمەي، ئىسرائىللار ئىچىدە ساڭا تەۋە ئەركەكلەرنىڭ ھەممىسىنى ھالاك قىلىمەن. 22سېنىڭ جەمەتىڭنى نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ جەمەتىگە ۋە ئاخىيانىڭ ئوغلى باشانىڭ جەمەتىگە ئوخشاش قىلىمەن. چۈنكى سەن ئىسرائىللارنى گۇناھقا پاتۇرۇپ، غەزىپىمنى قوزغىدىڭ». 23پەرۋەردىگار يەنە ئىزەبەل ھەققىدە شۇنداق دەيدۇ: «ئىزەبەلنىڭ جەسىتىنى يىزرىئەل سېپىلى تۈۋىدە ئىتلار يەيدۇ». 24«ئەي ئاخاب، سېنىڭ جەمەتىڭدىن شەھەردە ئۆلگەنلىرىنى ئىتلار، دالىدا ئۆلگەنلىرىنى قاغا-قۇزغۇنلار يەيدۇ».

25(ھېچكىممۇ ئاخابقا ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىشقا بېرىلگەن ئەمەس ئىدى. ئۇنى خوتۇنى ئىزەبەل ئازدۇرغانىدى. 26ئۇ خۇددى پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ كۆزى ئالدىدا يوقاتقان ئامورلاردەك بۇتلارغا چوقۇنۇپ، ئىنتايىن يىرگىنچلىك ئىش قىلغانىدى.)

27ئاخاب ئىلياسنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، كىيىملىرىنى يىرتىپ تاشلاپ، ماتەملىك كىيىم كېيىپ، روزا تۇتتى. ئۇ ماتەملىك كىيىمدىلا ياتتى ۋە غەمكىن ھالدا يۈردى. 28پەرۋەردىگار تىشبىلىك ئىلياسقا مۇنداق دېدى:

29_ سەن ئاخابنىڭ مېنىڭ ئالدىمدا ئۆزىنى شۇنداق تۆۋەن تۇتقىنىنى كۆردۈڭمۇ؟ ئۇ ئالدىمدا ئۆزىنى تۆۋەن تۇتقانلىقى ئۈچۈن، كېلىدىغان ئاپەتنى ئۇ ھايات ۋاقتىدا ياغدۇرمايمەن. ئۇنىڭ ئوغلى پادىشاھ بولغاندا، ئاپەتنى ئۇنىڭ جەمەتىگە ياغدۇرىمەن.



*3تەۋرات قانۇنى بويىچە بىر قەبىلىنىڭ ئادىمىنىڭ زېمىنىنى يەنە بىر قەبىلىدىن بولغان ئادەمگە سېتىشقا بولمايدۇ.



 

22

مىكايا پەيغەمبەر ۋە ساختا پەيغەمبەرلەر

1ئىسرائىلىيە بىلەن ئاررام ئوتتۇرىسىدا ئۈچ يىلغىچە ئۇرۇش بولمىدى. 2لېكىن ئۈچىنچى يىلىغا كەلگەندە يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافات ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخاب بىلەن كۆرۈشكىلى كەلدى. 3ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئۆز ئەمەلدارلىرىغا:

_ گىلئادتىكى راموت شەھىرى بىزنىڭ ئەمەسمۇ؟! بىز نېمە ئۈچۈن ئۇنى ئاررام پادىشاھىدىن قايتۇرۇۋالماي قاراپ تۇرىمىز؟ _ دېدى.

4ئۇنىڭدىن كېيىن ئاخاب يىھوشافاتتىن:

_ سىلى راموتنى ئالغىلى جەڭ قىلىش ئۈچۈن مەن بىلەن بىللە باراملا؟ _ دەپ سورىدى.

يىھوشافات:

_ مەن سىلى بىلەن ئاتلىنىشقا تەييارمەن. ئادەملىرىمنى ئۆزلىرىنىڭ ئادەملىرى، ئاتلىرىمنى ئۆزلىرىنىڭ ئاتلىرى دەپ، بىلگەيلا. 5لېكىن سىلى بۇنى ئالدى بىلەن پەرۋەردىگاردىن سورىسىلا! _ دېدى.

6شۇنىڭ بىلەن ئاخاب تەخمىنەن 400 پەيغەمبەرنى يىغىپ، ئۇلاردىن:

_ مەن راموتقا ھۇجۇم قىلىشقا بارسام بولامدۇ-بولمامدۇ؟ _ دەپ سورىدى.

_ بارغايلا! ئىگىمىز راموتنى قوللىرىغا تاپشۇرىدۇ، _ دېدى ئۇلار.

7بىراق يىھوشافات:

_ بۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن قالمىدىمۇ، ئەگەر قالسا، بىز بۇنى ئۇنىڭدىن سورايلى، _ دېدى.

8_ پەرۋەردىگاردىن سورىغىلى يەنە بىرەيلەن بار، _ دېدى ئاخاب، _ لېكىن مەن ئۇنىڭغا ئۆچ، چۈنكى ئۇ مەن ھەققىدە ۋەھىي يەتكۈزگەندە، ھەمىشە ياخشى گەپ ئەمەس، يامان گەپ قىلىدۇ. ئۇ يىملاھنىڭ ئوغلى مىكايادۇر.

_ پادىشاھ تۇرۇپ، بۇنداق دېسىلا بولمايدۇ! _ دېدى يىھوشافات.

9شۇنىڭ بىلەن ئاخاب ئوردا ئەمەلدارلىرىدىن بىرەيلەننى چاقىرىپ، ئۇنى يىملاھنىڭ ئوغلى مىكايانى دەرھال ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇدى.

10ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخاب بىلەن يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافات شاھانە تونىنى كىيىپ، سامارىيەنىڭ شەھەر دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدىكى خاماندا ھەرقايسىسى ئۆز تەختىدە ئولتۇرۇشاتتى. پۈتۈن پەيغەمبەرلەر ئۇلارنىڭ ئالدىدا ۋەھىيلەرنى يەتكۈزدى. 11پەيغەمبەرلەردىن بىرى كىنائاننىڭ ئوغلى زىدقىيا ئىدى. ئۇ تۆمۈردىن ياسالغان بىر جۈپ مۈڭگۈزنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئاخاب پادىشاھقا:

_ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سەن بۇ مۈڭگۈزلەر بىلەن ئارراملارغا بۇقىدەك ئۈسسۈپ، ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىسەن»، _ دېدى.

12باشقا پەيغەمبەرلەرمۇ ئوخشاش سۆزنى قىلىپ:

_ راموتقا ھۇجۇم قىلغايلا، سىلى غەلىبە قىلىدىلا. پەرۋەردىگار شەھەرنى قوللىرىغا تاپشۇرىدۇ، _ دېيىشتى.

13بۇ چاغدا مىكايانى چاقىرغىلى بارغان ئەمەلدار ئۇنىڭغا:

_ قاراڭ، ھەممە پەيغەمبەرلەر پادىشاھقا بىر ئېغىزدىن ياخشىلىقتىن بېشارەت بېرىشتى. سىزمۇ ئۇلارغا ئوخشاش ياخشىلىقتىن بېشارەت بەرگەيسىز، _ دېدى.

14لېكىن مىكايا:

_ مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، پەرۋەردىگار ماڭا نېمە دېسە مەن شۇنى دەيمەن، _ دېدى.

15مىكايا ئاخاب پادىشاھنىڭ ئالدىغا بارغاندا، پادىشاھ ئۇنىڭدىن:

_ مىكايا، بىز راموتقا ھۇجۇم قىلىشقا بارساق بولامدۇ-بولمامدۇ؟ _ دەپ سورىدى.

_ ھۇجۇم قىلىشقايلا، غەلىبە قىلىشىدىلا. پەرۋەردىگار شەھەرنى قوللىرىغا تاپشۇرىدۇ، _ دەپلا قويدى ئۇ.

16لېكىن پادىشاھ:

_ مەن سېنى، پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن گەپ قىلغىنىڭدا راستچىل بول، دەپ قانچە قېتىم قەسەم قىلدۇرىمەن؟ _ دېدى.

17مىكايا:

_ مەن ئىسرائىلىيە قوشۇنلىرىنىڭ خۇددى ئىگىسىز قالغان قوي پادىسىدەك تاغقا تارقىلىپ كەتكەن كۆرۈنۈشنى كۆردۈم. پەرۋەردىگار مۇنداق دېگەن: «بۇ كىشىلەرنىڭ يېتەكچىسى يوق، ئۇلار ئۆز يۇرتىغا تىنچ-ئامان قايتسۇن!» _ دېدى.

18ئاخاب يىھوشافاتقا:

_ مەن ئۆزلىرىگە بۇ ئادەم مەن ھەققىدە ۋەھىي يەتكۈزگەندە، ياخشى گەپ قىلماي، ھامان يامان گەپ قىلىدۇ، دېمىگەنمىدىم؟ _ دېدى.

19مىكايا يەنە مۇنداق دېدى:

_ شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغايلا! مەن پەرۋەردىگارنىڭ تەختىدە ئولتۇرغىنىنى كۆردۈم. پۈتكۈل ساماۋى جامائەت ئۇنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە تۇراتتى. 20پەرۋەردىگار: «ئاخابنىڭ جەڭدە ئۆلۈشى ئۈچۈن ئۇنى راموتقا بېرىشقا كىم ئازدۇرىدۇ؟» دەپ سورىدى. بەزىلەر بۇنداق دېسە، بەزىلەر ئۇنداق دېدى. 21كېيىن بىر روھ چىقىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، «مەن ئازدۇرىمەن» دېدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭدىن «قانداق ئازدۇرىسەن؟» دەپ سورىدى. 22ھېلىقى روھ «مەن ئاخابنىڭ پۈتۈن پەيغەمبەرلىرىنى يالغان ئېيتقۇزىمەن» دېدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا «بارغىن، ئۇنى ئازدۇرساڭ، چوقۇم ئازدۇرالايسەن» دېدى.

23مىكايا ئەڭ ئاخىرىدا:

_ ئىشنىڭ جەريانى مانا شۇنداق، پەرۋەردىگار سىلىنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆزلىرىگە يالغان ئېيتقۇزدى. ئەمەلىيەتتە ئۇ سىلىگە بالايىئاپەت ياغدۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى! _ دېدى.

24شۇنىڭ بىلەن كىنائاننىڭ ئوغلى زىدقىيا مىكايانىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنى بىر كاچات ئۇرۇپ، ئۇنىڭدىن:

_ پەرۋەردىگارنىڭ روھى قانداقلارچە مەندىن ئايرىلىپ، ساڭا سۆز قىلىدۇ؟ _ دەپ سورىدى.

25_ بىر كۈنى سەن بىر ئۆينىڭ ئەڭ ئىچكىرىسىدىكى خانىسىغا يوشۇرۇنۇشقا مەجبۇر بولىسەن، شۇ كۈنى بىلىسەن، _ دەپ جاۋاب بەردى مىكايا.

26شۇنىڭ بىلەن ئاخاب ئەمەلدارغا مىكايانى تۇتۇپ، شەھەر ھاكىمى ئامون بىلەن شاھزادە يوئاشنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىشنى بۇيرۇپ، 27ئەمەلدارغا:

_ ئۇلارغا: «پادىشاھ مۇنداق پەرمان قىلىدۇكى، ماۋۇنى زىندانغا تاشلاپ، مەن ئامان-ئېسەن قايتىپ كەلگۈچە، ئۇنىڭغا جېنىنى ساقلىغۇدەكلا نان بىلەن سۇ بېرىڭلار» دېگىن، _ دەپ بۇيرۇدى.

28_ ئەگەر ئامان-ئېسەن قايتىپ كەلسىلە، بۇ پەرۋەردىگارنىڭ مەن ئارقىلىق سۆزىنى يەتكۈزمىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، _ دېدى مىكايا، _ ھەربىرلىرى سۆزۈمنى ئەسلىرىدە تۇتۇشقايلا.

ئاخاب پادىشاھنىڭ جەڭدە ئۆلۈشى

29ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخاب بىلەن يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافات گىلئادتىكى راموت شەھىرىگە قارشى جەڭگە ئاتلاندى. 30ئاخاب يىھوشافاتقا:

_ بىز جەڭگاھقا چىققاندا، مەن قىياپىتىمنى ئۆزگەرتىۋالاي، سىلى شاھانە تونلىرىنى كىيىۋەرسىلە، _ دېدى.

شۇنداق قىلىپ ئاخاب قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ جەڭگە كىردى. 31ئاررام پادىشاھى 32 نەپەر ھارۋىلىق لەشكەر باشلىقلىرىغا: «سىلەر ئىسرائىلىيەنىڭ چوڭ-كىچىك لەشكەرلىرى بىلەن جەڭ قىلىپ يۈرمەي، ھۇجۇمنىڭ ئۇچىنى ئىسرائىلىيە پادىشاھىغا قارىتىڭلار» دەپ بۇيرۇغانىدى. 32شۇڭا ئۇلار يىھوشافاتنى كۆرگەندە، ئۇنى جەزمەن ئىسرائىلىيە پادىشاھى دەپ ئويلاپ، ھەممىسى بۇرۇلۇپ، ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىشتى. يىھوشافات قورقۇپ ۋارقىرىۋەتتى. 33شۇندىلا ئۇلار ئۇنىڭ ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئەمەسلىكىنى بىلىپ، ئۇنى قوغلىماي كېتىپ قېلىشتى. 34بىراق، بىر ئاررام لەشكىرى تاسادىپىي بىر ئوق ئېتىۋىدى، ئۇ ئوق دەل ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخابنىڭ قاسراقسىمان ساۋۇتى ياپالمىغان يېرىگە تەگدى. ئاخاب جەڭ ھارۋىسىنى ھەيدىگۈچىسىگە ۋارقىراپ:

_ مەن يارىلاندىم، كەينىڭگە قايتىپ، جەڭدىن چېكىن! _ دېدى.

35ئۇ كۈنى جەڭ شىددەتلىك بولغاچقا، پادىشاھ بىرەيلەننىڭ يۆلىشى بىلەن ھارۋىسىدا قېلىپ، ئارراملارغا يۈزلىنىپ ئولتۇردى. يارىسىدىن ئاققان قان ھارۋىنىڭ تېگىگە ئېقىپ چۈشتى. ئۇ كەچ بولاي دېگەندە جان ئۈزدى. 36كۈن پاتقاندا ئىسرائىلىيە قوشۇنى ئارىسىدىن: «ھەممە ئادەم ئۆز ماكانىغا، ئۆز يۇرتىغا قايتسۇن!» دېگەن چاقىرىق ئاڭلاندى.

37شۇنداق قىلىپ ئاخاب پادىشاھ ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ جەسىتى سامارىيەگە ئېلىپ بېرىلىپ، ئۇ يەردە دەپنە قىلىندى. 38ئۇلار ئۇنىڭ جەڭ ھارۋىسىنى سامارىيەدىكى پاھىشىلەر سۇغا چۈشىدىغان كۆلچەكتە يۇيۇپ تازىلاۋاتقاندا، خۇددى پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىدەك، ئىتلار كېلىپ ئۇنىڭ قېنىنى يالىدى.

39ئاخاب پادىشاھنىڭ باشقا ئىش-ئىزلىرى ۋە بارلىق پائالىيەتلىرى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ پىل چىشىدىن بېزىگەن ئوردىسى ۋە كېڭەيتىپ قۇرغان نۇرغۇن شەھەرلىرى ھەققىدىكى خاتىرىلەر «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەن. 40ئاخاب ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قېشىغا كەتتى. ئۇنىڭ ئوغلى ئاخازيا ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.

يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافات

41ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخابنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ تۆتىنچى يىلى ئاسانىڭ ئوغلى يىھوشافات يەھۇدىيەگە پادىشاھ بولدى. 42ئۇ تەختكە چىققان چاغدا 35 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 25 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى شىلخىنىڭ قىزى ئازۇبا ئىدى. 43ئۇ پۈتۈنلەي ئاتىسى ئاسا ماڭغان يولدا مېڭىپ، ھېچ ياققا ئېغىشماي، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى. بىراق سەجدىگاھلار يوقىتىۋېتىلمىدى. خالايىق يەنىلا ئۇ يەرلەردە قۇربانلىق قىلىش ۋە ئىسرىق سېلىشنى داۋاملاشتۇردى. 44يىھوشافات ئىسرائىلىيە پادىشاھى بىلەن تىنچ ئۆتتى.

45يىھوشافات پادىشاھنىڭ باشقا ئىش-ئىزلىرى، جۈملىدىن ئۇنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ۋە قىلغان ئۇرۇشلىرى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەن. 46ئۇ سەجدىگاھلاردىكى ئاتىسى ئاسانىڭ زامانىدىن قېلىپ قالغان ئەر-ئايال پاھىشىلەرنى زېمىنىدىن يوقاتتى.

47ئۇ چاغلاردا ئىدومدا پادىشاھ يوق ئىدى. يەھۇدىيە پادىشاھى ئۇ يەرنى ئىدارە قىلىشقا بىر ۋالىي تەيىنلىدى. 48يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافات ئوفىر زېمىنىدىن ئالتۇن ئەكېلىش ئۈچۈن ئۇزۇن يوللۇق كاتتا كېمىلەرنى ياساتتى، لېكىن كېمىلەر ئەزيون-گەبەردىن چىقماي تۇرۇپلا پارچىلىنىپ كەتكەنلىكتىن ئۇ يەرگە بارالمىدى. 49بىر مەزگىلدىن كېيىن ئاخابنىڭ ئوغلى ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخازيا ئۆز ئادەملىرىنى يىھوشافات پادىشاھنىڭ ئادەملىرى بىلەن بىللە كېمىدە بېرىش توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەنىدى، بىراق يىھوشافات قوشۇلمىدى.

50يىھوشافات ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قېشىغا كەتتى. ئۇ ئۇلارنىڭ يېنىغا، يەنى ئەجدادى داۋۇتنىڭ نامىدا ئاتالغان «داۋۇت شەھىرى»گە دەپنە قىلىندى. ئوغلى يىھورام ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.

ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخازيا

51يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافاتنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 17-يىلى ئاخابنىڭ ئوغلى ئاخازيا ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولدى. ئۇ سامارىيەدە ئىككى يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 52ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئاتىسى ئاخاب ۋە ئانىسى ئىزەبەلنىڭ ئىزىنى بېسىپ، ئىسرائىللارنى گۇناھكار قىلغان نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ يولىدا ماڭدى. 53ئۇ پۈتۈنلەي ئاتىسىغا ئوخشاش بائالغا چوقۇنۇپ ۋە خىزمەت قىلىپ، ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ غەزىپىنى قوزغىدى.