«نەخەمىيا»

(قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)

«مۇقەددەس كىتاب»نىڭ «ئەزرا» قىسمىدا ئىسرائىللارنىڭ يېرۇسالېمغا تۇنجى قايتىپ كېلىشى ھەمدە ئىبادەتخانىنى يېڭىباشتىن قۇرۇپ چىقىشى بايان قىلىنغان بولسا، «نەخەمىيا»دا ئوخشىمىغان ۋاقىتتا يېرۇسالېمنىڭ شەھەر سېپىللىرىنىڭ يېڭىباشتىن قۇرۇپ چىقىلىشى بايان قىلىنىدۇ. نەخەمىيامۇ ئەزراغا ئوخشاش پېرسىيە پادىشاھىنىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشىپ، يېرۇسالېمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەھۇدىيە رايونىنىڭ باشلىقى بولۇپ تەيىنلىنىدۇ. ئۇ شەھەر سېپىللىرىنى يېڭىباشتىن قۇرۇشقا يېرۇسالېمغا كېلىدۇ. گەرچە پېرسىيە پادىشاھى نەخەمىيانىڭ سېپىل قۇرۇشىغا رۇخسەت بەرسىمۇ، يەھۇدىيە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى باشقا خەلقلەرنىڭ قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىشىگە ئۇچرايدۇ.

سېپىللار پۈتكەندىن كېيىن، نەخەمىيا روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنىڭ ئىبادەتخانىدا ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشىغا بۇيرۇق قىلىدۇ. نەخەمىيا خەلقنىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەلىملەرگە ئەگىشىش ئارقىلىق ئېتىقادتا بولۇشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. خەلق ئۆزلىرىنى سېپىل قۇرۇلۇشىغا قىزغىن بېغىشلاپ، خۇدا يولىدا مېڭىش ئىرادىسىنى تېخىمۇ كۆچەيتىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق نەخەمىيا قىسقا ۋاقىتلىق يېرۇسالېمدىن ئايرىلىپ، كېيىن قايتىپ كەلگىنىدە، خەلقنىڭ خۇدانىڭ ئەمر-پەرمانلىرىدا يەنە بوشاپ كەتكەنلىكىنى ۋە ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ئېتىقاد قىلمايدىغان يات مىللەتلەر بىلەن تۇرمۇش قۇرغانلىقىنى كۆرىدۇ.

گەرچە ئىسرائىللارنىڭ يېرۇسالېمنىڭ سېپىللىرىنى يېڭىباشتىن قۇرۇپ چىقىشى خۇدانىڭ ئىرادىسى بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ. خەلق قىزغىنلىق بىلەن خۇدا يولىدا ماڭسىمۇ، بىراق كۆپ قىسمى بوشاپ كېتىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋالالايمىزكى، خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش پەقەت ئېتىقاد ۋە جاسارەتنىلا ئەمەس، بەلكى ئېگىلمەس چىداملىقنىمۇ تەلەپ قىلىدۇ.

تېزىس:

1. نەخەمىيانىڭ يېرۇسالېمغا قايتىپ كېلىشى (1-، 2-بابلار)

2. يېرۇسالېم شەھىرىنى يېڭىباشتىن بىنا قىلىش (3-باب 1-ئايەتتىن 7-باب 3-ئايەتكىچە)

3. سۈرگۈندىن قايتقانلارنىڭ تىزىملىكى (7-باب 4-ئايەتتىن 73-ئايەتكىچە)

4. خەلقنىڭ خۇدا ئالدىدا ۋەدىنامە يېزىشى (8-بابتىن 10-بابقىچە)

5. يېرۇسالېمغا ئولتۇراقلاشقۇچىلار (11-باب)

6. روھانىيلار بىلەن لاۋىيلارنىڭ تىزىملىكى (12-باب 1-ئايەتتىن 26-ئايەتكىچە)

7. شەھەر سېپىللىرىنىڭ خۇداغا بېغىشلىنىشى (12-باب 27-ئايەتتىن 47-ئايەتكىچە)

8. نەخەمىيانىڭ ئىسلاھاتى (13-باب)