نەخەمىيا


1

1تۆۋەندە پۈتۈلگەنلەر خاكاليانىڭ ئوغلى نەخەمىيانىڭ سۆزلىرىدۇر.

نەخەمىيانىڭ يېرۇسالېمغا كۆڭۈل بۆلۈشى

پېرسىيە پادىشاھى ئارتاخشاستى ھاكىمىيەت تۇتقان 20-يىلى كەچ كۈزنىڭ كىسلاۋ ئېيىدا*، مەنكى نەخەمىيا سۇزا شەھىرىنىڭ قەلئەسىدە تۇراتتىم.
2قېرىنداشلىرىمدىن بىرى بولغان خانانى بىرنەچچە كىشىلەر بىلەن يەھۇدىيەدىن كەلدى. مەن ئۇلاردىن سۈرگۈندىن قايتىپ كەتكەن يەھۇدىيلار ۋە يېرۇسالېمنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا سورىدىم.
3ئۇلار ماڭا، سۈرگۈندىن يەھۇدىيە رايونىغا قايتىپ كەتكەن يەھۇدىيلارنىڭ قاتتىق قىيىنچىلىقلارغا ھەمدە خورلۇققا دۇچ كەلگەنلىكىنى، يېرۇسالېمنىڭ سېپىللىرىنىڭ يەنىلا خارابلىقتا ۋە شەھەر دەرۋازىلىرىنىڭ كۆيدۈرۈۋېتىلگەن ھالەتتە تۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

4‏-5مەن بۇلارنى ئاڭلاپ كۆز ياشلىرىم تۆكۈلگەن ھالدا ئولتۇرۇپ قالدىم. كۈنلەپ ھەسرەتتە يۈرۈپ، روزا تۇتتۇم ھەمدە ئەرشئەلادىكى خۇداغا دۇئا قىلدىم:


«ئى پەرۋەردىگار، ئەرشئەلادىكى خۇدا! سەن ئۇلۇغ ۋە سۈرلۈكسەن! سېنى سۆيگەن ۋە ئەمرلىرىڭگە ئىتائەت قىلغۇچىلارغا بەرگەن مەڭگۈ مېھىر-مۇھەببەتلىك ئەھدەڭدە تۇرىسەن.
6مەن خىزمەتكارلىرىڭ بولغان ئىسرائىل خەلقى ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز دۇئا-تىلاۋەت قىلغاندا، خىزمەتكارىڭ بولغان ماڭا نەزەر سېلىپ، دۇئالىرىمغا قۇلاق سالغايسەن! مەن بىز ئىسرائىللارنىڭ ساڭا قارشى گۇناھ قىلغىنىغا توۋا قىلىمەن. ھەتتا مەن ۋە ئەجدادلىرىممۇ گۇناھ ئۆتكۈزدۇق.
7بىز رەزىللىك بىلەن ساڭا قارشى چىقتۇق. بىز خىزمەتكارىڭ مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن ئەمر-پەرمان ۋە تۈزۈملىرىڭگە رىئايە قىلمىدۇق.
8مۇسا پەيغەمبەرگە ئېيتقانلىرىڭنى يادىڭدا تۇتقايسەن: ‹سىلەر ئىسرائىللار ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلساڭلار، سىلەرنى يات خەلقلەر ئارىسىغا چېچىۋېتىمەن،
9لېكىن، مېنىڭ يولۇمغا قايتىپ كېلىپ، ئەمر-پەرمانلىرىمغا بويسۇنۇپ، شۇ بويىچە ياشىساڭلار، دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغا چېچىۋېتىلگەن بولساڭلارمۇ، ئۆزۈم سىلەرنى تاللىغان ۋە نامىم ئۇلۇغلىنىدىغان جايغا يىغىۋالىمەن.›

10سەن زور قۇدرىتىڭ ۋە كۈچلۈك قولۇڭ بىلەن قۇتقۇزغان كىشىلەر سېنىڭ خىزمەتكارلىرىڭ ھەم خەلقىڭدۇر.
11ئى ئىگەم! خىزمەتكارىڭنىڭ ۋە نامىڭنى شەرەپلەشتە خۇشاللىق تاپقان خىزمەتكارلىرىڭنىڭ دۇئايىغا قۇلاق سالغايسەن. بۈگۈن ئىشلىرىمنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇپ، پادىشاھنىڭ ئىلتىپاتىغا مۇيەسسەر بولۇشۇمنى ئورۇنداپ بەرگەيسەن!»


شۇ مەزگىلدە مەن پادىشاھنىڭ باش ساقىيسى* ئىدىم.



*1ھازىرقى زامان كالېندارى بويىچە مىلادىيەدىن ئىلگىرى 446-يىلىنىڭ 11-ياكى 12-ئېيىغا توغرا كېلىدۇ.

*11باش ساقىي _ پادىشاھ بىلەن دائىم ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان، مەرتىۋىسى يۇقىرى خىزمەت ھېسابلىنىدۇ.



 

2

نەخەمىيانىڭ يېرۇسالېمغا بېرىشى

1كېيىن پېرسىيە پادىشاھى ئارتاخشاستىنىڭ 20-يىلى باش ئەتىياز نىسان ئېيىنىڭ بىر كۈنى*، مەن پادىشاھقا شاراب مۇلازىمىتى قىلىۋاتاتتىم. مەن ئۇنىڭ ئالدىدا ھەرگىز پەرىشان بولۇپ باقمىغانىدىم.
2ئۇ ماڭا:

_ سېنىڭ كېسىلىڭ يوق تۇرۇقلۇق، يەنە نېمىشقا پەرىشان كۆرۈنىسەن؟ جەزمەن كۆڭلۈڭ سۇنۇق بولسا كېرەك! _ دېدى.

مەن قاتتىق چۆچۈگەن ھالدا
3ئۇنىڭغا:

_ ئالىيلىرىنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغاي! ئەجدادلىرىم دەپنە قىلىنغان شەھەر خارابلىقتا، شەھەر دەرۋازىلىرى كۆيدۈرۈۋېتىلگەن ھالەتتە تۇرسا، قانداقمۇ پەرىشان بولماي تۇرالاي؟ _ دەپ جاۋاب بەردىم.
4پادىشاھ:

_ مەندىن نېمە تىلەيسەن؟ _ دەپ سورىدى. مەن ئەرشئەلادىكى خۇداغا دۇئا قىلىپ،
5پادىشاھقا:

_ ئەگەر ئالىيلىرى خالىسىلا، ئىلتىپاتلىرىغا مۇيەسسەر بولغان بولسام، مېنى ئەجدادلىرىم يەرگە قويۇلغان شەھەرنى يېڭىباشتىن بىنا قىلىشقا يەھۇدىيەگە ئەۋەتكەيلا، _ دېدىم.

6خانىش پادىشاھنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتى. پادىشاھ مەندىن، قانچىلىك ۋاقىتلىق بارىسەن؟ قاچان قايتىپ كېلىسەن؟ دەپ سورىدى. مەن ۋاقىتنى ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇ تەلىپىمگە قوشۇلدى.

7مەن پادىشاھقا يەنە مۇنداق دېدىم:

_ ئەگەر ئالىيلىرى خالىسىلا، فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكە ئەمەلدارلىرىغا پېقىرنىڭ ئۇلارنىڭ زېمىنى ئارقىلىق يەھۇدىيەگە ئۆتۈشۈمگە يول خەت پۈتۈپ بەرگەن بولسىلا.
8پادىشاھنىڭ ئورمان باشقۇرغۇچىسى ئاسافنىڭ ماڭا ياغاچ بېرىشىگە مەكتۇپ پۈتۈپ بەرگەيلا. پېقىر ياغاچلارنى ئىبادەتخانا قورغىنىنىڭ دەرۋازىلىرى، شەھەر سېپىلى ۋە خۇسۇسىي ئۆيۈمگە لىم قىلىشقا ئىشلەتكەن بولسام. خۇدايىم ماڭا يار بولغاچقا، پادىشاھ تەلەپلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ئورۇنداپ بەردى.

9پادىشاھ مېنى مۇھاپىزەت قىلىشقا ھەربىي ئەمەلدارلار بىلەن ئاتلىق لەشكەرلەرنى ئەۋەتتى. مەن فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىگە كەلگىنىمدە، پادىشاھنىڭ مەكتۇپىنى ئەمەلدارلارغا سۇندۇم.
10خورونلۇق سانباللات بىلەن ئاممونلاردىن بولغان ئەمەلدار توبىيا بىرىنىڭ ئىسرائىل خەلقىگە ياردەمگە كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ناھايىتى خاپا بولۇپتۇ.

نەخەمىيانىڭ سېپىللارنى كۆزدىن كەچۈرۈشى

11مەن يېرۇسالېمغا بېرىپ، ئۈچ كۈن تۇردۇم.
12ئۈچىنچى كۈنى يېرىم كېچىدە ئورنۇمدىن تۇرۇپ، بىرنەچچە ھەمراھىم بىلەن سىرتقا چىقتىم. خۇدانىڭ يېرۇسالېم ئۈچۈن قەلبىمگە سالغان ئىشىنى ھېچكىمگە تىنمىدىم. بىزدىكى بىردىنبىر ئۇلاغ مەن مىنگەن ئېشەك ئىدى.
13مەن قاراڭغۇدا شەھەرنىڭ جىلغا دەرۋازىسى ئارقىلىق ئەجدىھا بۇلىقىدىن ئۆتۈپ، قىغ دەرۋازىسىغا باردىم. يول بويى خاراب بولغان سېپىللار بىلەن كۆيدۈرۈۋېتىلگەن دەرۋازىلارنى تەكشۈردۈم.
14ئاندىن مەن بۇلاق دەرۋازىسىدىن ئۆتۈپ، شاھ كۆلچىكىگە باردىم. بىراق ئۇلىغىم خارابلىقتىن ئۆتەلمىدى.
15شۇنىڭ بىلەن مەن قاراڭغۇلۇقتا جىلغىنى بويلاپ، سېپىللارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقتىم. ئاندىن بۇرۇلۇپ، جىلغا دەرۋازىسى ئارقىلىق قايتىپ كەلدىم.

16مېنىڭ نەگە بېرىپ، نېمە قىلغانلىقىمنى ئەمەلدارلار بىلمىدى. مەن پىلانىمنى يەھۇدىي باشلىقلار _ روھانىيلار، جامائەت ئەربابلىرى، ئەمەلدارلار ياكى سېپىل قۇرۇشقا ئالاقىدار كىشىلەرگە تېخى تىنمىغانىدىم.
17بىراق، ھازىر مەن ئۇلارغا:

_ بىزنىڭ ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلىرىمىزدىن سىلەرنىڭ خەۋىرىڭلار بار. چۈنكى يېرۇسالېم خارابلىقتا، شەھەر دەرۋازىلىرى كۆيدۈرۈۋېتىلگەن ھالەتتە تۇرماقتا. يېرۇسالېم سېپىلىنى يېڭىباشتىن قۇرۇپ چىقىپ، خورلۇققا خاتىمە بېرەيلى! _ دېدىم.

18مەن ئۇلارغا خۇدايىم ماڭا يار بولغانلىقىنى ھەمدە پادىشاھنىڭ ماڭا دېگەنلىرىنى ئېيتتىم. ئۇلار:

_ خوپ، ئەمىسە ئىشنى باشلايلى! _ دەپ، قوشۇمىلىرىنى تۈرۈشتى.

19خورونلۇق سانباللات بىلەن ئاممونلاردىن بولغان ئەمەلدار توبىيا ۋە گەشەم ئىسىملىك بىر ئەرەب بۇ ئىشنى ئاڭلاپ، بىزنى قاتتىق مەسخىرە قىلىپ:

_ سىلەر نېمە قىلىۋاتىسىلەر؟ پادىشاھقا قارشى ئىسيان كۆتۈرمەكچىمۇ سىلەر؟ _ دەپ سوئال قويۇشتى.
20مەن جاۋابەن:

_ ئەرشئەلادىكى خۇدا بىزنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرى بولغان بىز بۇ قۇرۇلۇشنى باشلايمىز. سىلەرنىڭ يېرۇسالېمدا ھەققىڭلار يوق، قانۇنىي ۋە تارىخىي ھوقۇقۇڭلارمۇ يوق! _ دېدىم.



*1 ھازىرقى زامان كالېندارى بويىچە مىلادىيەدىن ئىلگىرى 445-يىلىنىڭ 3-ياكى 4-ئېيىغا توغرا كېلىدۇ.



 

3

شەھەر سېپىللىرىنى يېڭىباشتىن قۇرۇش

1باش روھانىي ئەلياشىب بىلەن ئۇنىڭ خىزمەتداش روھانىيلىرى قوي دەرۋازىسىنى قايتىدىن ياساپ، ئۇنى خۇداغا بېغىشلاپ، دەرۋازا قاناتلىرىنى ئورناتتى. ئاندىن سېپىلنى يۈز مۇنارىغىچە ئۇزارتىپ، خۇداغا بېغىشلىدى. كېيىن ئۇنى خانانئېل مۇنارىغىچە ئۇزارتتى.
2كېيىنكى بۆلىكىنى ئېرىخالىقلار ياسىدى. يەنە كېيىنكى بۆلىكىنى ئىمرىنىڭ ئوغلى زاككۇر ياسىدى.

3ھاسسىنائانىڭ ئوغۇللىرى بېلىق دەرۋازىسىنى ياسىدى. ئۇلار لىملارنى ۋە دەرۋازا قاناتلىرىنى ئورنىتىپ، بولتىلاپ، تاقاقلىرىنى بېكىتتى.
4خاققوزنىڭ نەۋرىسى، ئۇرىيانىڭ ئوغلى مىرېموت سېپىلنىڭ كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى. مىشېزابئېلنىڭ نەۋرىسى بەرەكيانىڭ ئوغلى مىشۇللام ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى. بائانانىڭ ئوغلى زادوق ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى.
5تىقوۋالىقلار ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى. بىراق، ئۇلارنىڭ يۇرت باشلىرى قۇرۇلۇش باشقۇرغۇچىلىرىغا بويۇنتاۋلىق قىلدى.

6پاسېياخنىڭ ئوغلى _ يويادا ۋە بىسودىيانىڭ ئوغلى مىشۇللام كونا شەھەر دەرۋازىسىنى رېمونت قىلدى. ئۇلار لىملارنى ۋە دەرۋازا قاناتلىرىنى ئورنىتىپ، بولتىلاپ، تاقاقلىرىنى بېكىتتى.
7گىبئونلۇق مىلاتيا، مېرونوتلۇق يادون ۋە گىبئون ھەم مىزپاھ شەھىرىدىكىلەر ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى. مىزپاھ شەھىرىدە فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىنىڭ باشلىقى تۇراتتى.
8زەرگەرلەردىن بىرى بولغان خارھايانىڭ ئوغلى ئۇززىئېل، ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى. ھانانيا ئەتىر ياسىغۇچىلاردىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى كەڭ سېپىلغىچە رېمونت قىلدى.

9خۇرنىڭ ئوغلى، يېرۇسالېم شەھەر رايونىنىڭ يېرىمىنى باشقۇرغۇچى رىفايا ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى.
10خارۇمافنىڭ ئوغلى يىدايا ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى ئۆز ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىغىچە رېمونت قىلدى. خاشابنىيانىڭ ئوغلى خاتتۇش ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى.
11خارىمنىڭ ئوغلى مالكىيا بىلەن پاخات-موئابنىڭ ئوغلى خاششۇب ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكى بىلەن تونۇرلار مۇنارىنى رېمونت قىلدى.
12ھاللوھېشنىڭ ئوغلى _ يېرۇسالېم شەھەر رايونىنىڭ باشقا بىر يېرىمىنى باشقۇرغۇچى شاللۇم قىزلىرى بىلەن ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى.

13خانۇن زانوۋاخلىقلارنى باشلاپ، جىلغا دەرۋازىسىنى رېمونت قىلدى. ئۇلار دەرۋازىنى ياساپ، قاناتلىرىنى ئورنىتىپ، بولتىلاپ، تاقاقلىرىنى بېكىتتى. ئۇلار يەنە قىغ دەرۋازىسىغىچە بولغان تۆت يۈز ئەللىك مېتىر ئارىلىقنى ياسىدى.

14رېكابنىڭ ئوغلى _ بەيت-ھاككەرەم رايونىنىڭ باشقۇرغۇچىسى مالكىيا قىغ دەرۋازىسىنى رېمونت قىلدى. ئۇلار دەرۋازىنى ياساپ، قاناتلىرىنى ئورنىتىپ، بولتىلاپ، تاقاقلىرىنى بېكىتتى.

15كولخوزەنىڭ ئوغلى _ مىزپاھ رايونىنىڭ باشقۇرغۇچىسى شاللۇم، بۇلاق دەرۋازىسىنى ۋە دەرۋازا ئۆگزىسىنى رېمونت قىلدى ھەمدە دەرۋازا قاناتلىرىنى ئورنىتىپ، بولتىلاپ، تاقاقلىرىنى بېكىتتى. ئاندىن ئۇ پادىشاھ گۈللۈكىنىڭ يېنىدىكى شېلاھ كۆلچىكى سېپىلىنى، «داۋۇت شەھىرى»دىن چۈشىدىغان پەلەمپەيگىچە رېمونت قىلدى.
16ئازبۇقنىڭ ئوغلى _ بەيتزۇر رايونىنىڭ يېرىمىنى باشقۇرغۇچى نەخەمىيا ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى داۋۇت پادىشاھ قەبرىستانلىقىنىڭ ئۇدۇلىدىكى جايدىن سۇ ئامبىرى ۋە باھادىرلارنىڭ بارگاھىغىچە رېمونت قىلدى.
17بانىنىڭ ئوغلى رىخۇمنىڭ قول ئاستىدا ئىشلەيدىغان بىر توپ لاۋىيلار ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى. ئاندىن قىئىلا رايونىنىڭ يېرىمىنى باشقۇرغۇچى خاشابيا ئۆز قول ئاستىدىكى رايون ئۈچۈن ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى.
18ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرى، يەنى خېنادادنىڭ ئوغلى _ قىئىلا رايونىنىڭ يېرىمىنى باشقۇرغۇچى باۋۋاي ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى.
19يېشۇۋانىڭ ئوغلى _ مىزپاھ شەھىرىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئەزەر ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى _ قورال ئامبىرىغا چىقىدىغان يولنىڭ ئۇدۇلىدىن سېپىلنىڭ تىرىكىگىچە رېمونت قىلدى.
20زابباينىڭ ئوغلى بارۇك ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى، يەنى سېپىلنىڭ تىرىكىدىن باشلاپ باش روھانىي ئەلياشىبنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكىگىچە رېمونت قىلدى.
21خاققوزنىڭ نەۋرىسى، ئۇرىيانىڭ ئوغلى مىرېموت ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى ئەلياشىبنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكىدىن ئۇنىڭ ئاخىرىغىچە رېمونت قىلدى.

22يېرۇسالېمنىڭ ئەتراپىدا تۇرىدىغان روھانىيلار ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى.
23بىنيامىن ۋە خاششۇبلار ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكى، يەنى ئۆز ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىنى رېمونت قىلدى. ئانانيانىڭ نەۋرىسى، يەنى مائاسېيانىڭ ئوغلى ئازاريا كېيىنكى بۆلىكى، يەنى ئۆز ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىنى رېمونت قىلدى.
24خېنادادنىڭ ئوغلى بىننۇي كېيىنكى بۆلىكىنى، يەنى ئازاريانىڭ ئۆيىدىن سېپىلنىڭ تىرىكى ۋە ئۇنىڭ دوقمۇشىغىچە رېمونت قىلدى.
25ئۇزاينىڭ ئوغلى پالال ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى، يەنى سېپىلنىڭ تىرىكى ۋە مۇھاپىزەتچىلەر ھويلىسىنىڭ يېنىدىكى ئۈستۈنكى ئوردا مۇنارىنىڭ ئۇدۇلىنى رېمونت قىلدى. پارئوشنىڭ ئوغلى پىدايا ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى
26ئوفەل ئېگىزلىكىدە تۇرىدىغان ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى بىلەن سۇ دەرۋازىسىنىڭ ئۇدۇلىدىن شەرقتىكى سېپىلدىن چىقىپ تۇرغان مۇنارغىچە رېمونت قىلدى.
27كېيىنكى بۆلىكىنى تىقوۋالىقلار رېمونت قىلدى. بۇ ئۇلارنىڭ رېمونت قىلغان يەنە بىر بۆلىكى بولۇپ، بۈيۈك مۇنار ئۇدۇلىدىن ئوفەل سېپىلىغىچە ئىدى.

28روھانىيلار ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى، يەنى ئات دەرۋازىسىنىڭ يۇقىرىقى تەرىپىنى رېمونت قىلدى. ھەربىر روھانىي ئۆز ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىنى رېمونت قىلدى.
29ئىممېرنىڭ ئوغلى زادوق ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكى بولغان ئۆز ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىنى رېمونت قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى شىكانيانىڭ ئوغلى شەرقىي دەرۋازىنىڭ دەرۋازىۋىنى شىمايا رېمونت قىلدى.
30ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى شەلەميانىڭ ئوغلى خانانيا بىلەن زالافنىڭ ئالتىنچى ئوغلى خانۇن رېمونت قىلدى. بۇ ئۇلارنىڭ يەنە بىر رېمونت قىلغان بۆلىكى ئىدى. بەرەكيانىڭ ئوغلى مىشۇللام ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكى بولغان ئۆز ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىنى رېمونت قىلدى.
31زەرگەرلەرنىڭ بىرى مالكىيا ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى كۆزەت دەرۋازىسى ئۇدۇلىدىكى ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرىنىڭ ھەم سودىگەرلەرنىڭ ئۆيىگىچە رېمونت قىلدى. ئاندىن سېپىلنى ئۈستىدە ئۆي جايلاشقان سېپىل دوقمۇشىغىچە ئۆزارتتى.
32باشقا زەرگەرلەر ۋە سودىگەرلەر ئۇ دوقمۇشتىن قوي دەرۋازىسىغىچە بولغان ئەڭ ئاخىرقى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى.


4

سېپىل قۇرۇلۇشىغا بولغان توسقۇنلۇق

1بىزنىڭ شەھەر سېپىلىنى يېڭىباشتىن بىنا قىلىۋاتقىنىمىزنى ئاڭلىغان سانباللات ناھايىتى خاپا بولۇپ، غەزەپلەنگەن ھالدا بىز يەھۇدىيلارنى مەسخىرە قىلىپ،
2ھەمراھلىرى ۋە سامارىيە قوشۇنلىرى ئالدىدا:

_ بۇ ئاجىز يەھۇدىيلار نېمە قىلىۋاتىدىغاندۇ؟ ئۇلار بۇ سېپىلنى يېڭىباشتىن بىنا قىلماقچىمىكەن؟ ئۇلار قۇربانلىق قىلىش ئارقىلىق بۇ ئىشنى بىر كۈندىلا پۈتتۈرىمىز، دەپ ئويلامدىغاندۇ؟ خارابلىقتىكى كۈل-قوقاسقا ئايلانغان تاشلارنى قايتىدىن ئىشلىتەلەمدۇ؟ _ دېدى.

3ئاممونلاردىن بولغان توبىيا ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇپ:

_ ئۇلارنىڭ ياساۋاتقان سېپىلىغا بىر تۈلكە چىقسا، ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ! _ دېدى.
4مەن مۇنداق دۇئا قىلدىم:


«ئى خۇدايىمىز، ئۇلارنىڭ بىزنى مەسخىرە قىلىشلىرىغا قۇلاق سالغايسەن! ئۇلارنىڭ مەسخىرىسىنى ئۆز بېشىغا ياندۇرغايسەن! ئۇلارنى تالان-تاراج قىلىپ، ياقا يۇرتلارغا سۈرگۈن قىلغايسەن.
5ئۇلار قۇرۇلۇشچىلار ئالدىدا سېنى ھاقارەتلىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ رەزىللىكلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىغايسەن، گۇناھلىرىنى كەچۈرمىگەيسەن.»


6ھەممەيلەن چىن دىلى بىلەن ئىشلىگەچكە، سېپىلنى يېرىم تام قوپۇرۇپ، تۇتاشتۇردۇق.

7سانباللات، توبىيا، ئەرەبلەر، ئاممونلار ۋە ئاشدودلۇقلار يېرۇسالېم سېپىل قۇرۇلۇشىنىڭ ناھايىتى يۈرۈشۈۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ شورىلىرىنىڭ ئېتىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن غەزەپلەندى.
8ئۇلار بىرلىكتە سۇيىقەست پىلانلاپ، يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىپ، بىزنى تىرىپىرەن قىلماقچى بولدى.
9بىز خۇدايىمىزغا دۇئا قىلدۇق ھەمدە ئۇلارنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغدىنىش ئۈچۈن كېچە-كۈندۈزلۈك قاراۋۇللارنى قويدۇق.

10لېكىن يەھۇدىيلار ئارىسىدا: «ئىشچىلار بارغانسېرى ھالىدىن كەتتى. نۇرغۇن كېرەكسىز تاش پارچىلىرى تۇرۇۋاتىدۇ، بىز سېپىلنى قانداقمۇ پۈتتۈرەرمىز؟» دېگەن گەپ تارقالدى.
11شۇنىڭ بىلەن بىرگە رەقىبىمىزنىڭ: «بىز يەھۇدىيلارغا سەزدۈرمەي ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بېرىپ، ئۇلارنى قىرىپ تاشلاپ، قۇرۇلۇشنى توختىتىمىز» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق.
12دۈشمەنگە يېقىن ئولتۇراقلاشقان يەھۇدىيلار قايتا-قايتا كېلىپ بىزنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئۇلار ھەر تەرەپتىن بىزگە ھۇجۇم قوزغىماقچى!» دېدى.
13شۇڭا مەن ئادەملەرنى ئۆز جەمەتى بويىچە قىلىچ، ئوقيا ۋە نەيزىلەر بىلەن قوراللاندۇرۇپ، سېپىلنىڭ ئوچۇق ۋە ئەڭ پاكار يەرلىرىنىڭ كەينىگە قاراۋۇللۇققا قويدۇم.
14ئاندىن مەن ئەھۋالنى كۆزىتىپ، جامائەت ئەربابلىرى، ئەمەلدارلار ۋە قالغان خەلقلەرگە چاقىرىق قىلىپ:

_ دۈشمەندىن قورقماڭلار! پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغ ۋە سۈرلۈكلىكىنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار. ئۆزۈڭلارنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرىڭلار، بالا-چاقىلىرىڭلار، ئاياللىرىڭلار ۋە ئۆي-ماكانىڭلار ئۈچۈن كۈرەش قىلىڭلار! _ دېدىم.

15دۈشمەنلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ سۇيىقەستلىرىنى بىلىپ قالغانلىقىمىزنى ئاڭلاپ، خۇدانىڭ ئۆزلىرىنىڭ پىلانىنى بۇزۇۋەتكەنلىكىنى چۈشەندى. شۇنىڭ بىلەن بىز ھەممىمىز ئەسلى ئورنىمىزغا قايتىپ بېرىپ، سېپىل قۇرۇلۇشىمىز بىلەن مەشغۇل بولدۇق.
16‏-17شۇ چاغدىن باشلاپ، خىزمەتكارلىرىمنىڭ يېرىمى ئىشقا كىرىشتى، قالغان يېرىمى نەيزە، قالقان ۋە ئوقيالار بىلەن قوراللىنىپ، ئۇچىسىغا ساۋۇت كىيىپ قاراۋۇللۇق قىلدى. قوماندانلار سېپىل قۇرۇلۇشچىلىرىنىڭ كەينىدىن ئورۇن ئالدى. يۈك توشۇغۇچىلارمۇ قوراللىنىپ تۇرۇپ ئىش قىلدى.
18قۇرۇلۇشچىلارنىڭ ھەممىسى بېلىگە قىلىچ ئاسقانىدى. جەڭگە بۇرغا چالغۇچىمۇ يېنىمدا تۇراتتى.
19مەن جامائەت ئەربابلىرى، ئەمەلدارلار ۋە پۈتكۈل خەلققە:

_ قىلىدىغان ئىش كۆپ ھەمدە سېپىلنىڭ ھەممە يېرىدە بار. سېپىلدا بىر-بىرىمىز بىلەن بولغان ئارىلىقىمىز يىراق.
20سىلەر بۇرغا ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان، مېنىڭ يېنىمغا يىغىلىڭلار. خۇدايىمىز جەڭدە بىز بىلەن بىر نەپەستە بولىدۇ، _ دېدىم.

21شۇڭا سەھەردە يۇلتۇزلار كۆرۈنگىچە يېرىمىمىز ئىشلىدۇق، يېرىمىمىز قولىمىزغا نەيزە ئېلىپ قاراۋۇللۇق قىلدۇق.
22شۇ ۋاقىتتا مەن ئادەملەرگە:

_ ھەربىر ئادەم ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىسى كېچىسى يېرۇسالېمدا قونۇپ قاراۋۇللۇق قىلسۇن، كۈندۈزى قۇرۇلۇشچى بولسۇن، _ دېدىم.

23بۇ مەزگىلدە ھېچقايسىمىز _ مەن، تۇغقانلىرىم، خىزمەتكارلىرىم، مۇھاپىزەتچىلىرىممۇ ئۇچىمىزدىكى كىيىملىرىمىزنى ئالماشتۇرمىدۇق ھەمدە ھەممىمىز قولىمىزدىن قورالنى چۈشۈرمىدۇق.


5

نەخەمىيانىڭ نامراتلارنىڭ ئۈستىدىكى يۈكنى يېنىكلىتىشى

1بىر مەزگىلدىن كېيىن، نۇرغۇن ئەر-ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ يەھۇدىي قېرىنداشلىرى توغرۇلۇق ئامما ئارىسىدا نارازىلىق بىلدۈردى.
2بەزىلەر: «بىز كۆپ جانلىق، بىزگە جېنىمىزنى ئامان ئەتكۈدەك ئوزۇق-تۈلۈك كېرەك!» دېيىشسە،
3بەزىلەر: «بىز قەھەتچىلىك مەزگىلىدە ئوزۇق-تۈلۈككە ئېرىشىش ئۈچۈن ئېتىزىمىز، ئۆزۈمزارلىقىمىز ۋە ئۆيلىرىمىزنى رەنىگە قويدۇق» دېيىشتى.
4يەنە بەزىلەر: «بىز پادىشاھقا ئېتىز ۋە ئۆزۈمزارلىق ياسىقى تاپشۇرۇش ئۈچۈن قەرز ئالدۇق.
5بىز بىلەن باي يەھۇدىي قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قېنى بىر، بىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىدىن ھېچ پەرقى يوق. بىراق بىز پەرزەنتلىرىمىزنى ئۇلارغا قۇل قىلماسلىققا چارىمىز يوق. ھېلىمۇ قىزلىرىمىزدىن بەزىلىرى قۇل بولۇپ كەتتى. بىز بۇنىڭغا ئامالسىز. چۈنكى ئېتىزلىرىمىز ۋە ئۆزۈمزارلىقلىرىمىز قولىمىزدىن كەتتى.» دېدى.

6مەن ئۇلارنىڭ نارازىلىقلىرىنى ئاڭلاپ ناھايىتى ئاچچىقلاندىم.
7بۇ ئىشقا مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، ئاندىن جامائەت ئەربابلىرى ۋە ئەمەلدارلارنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدىم:

_ سىلەر ئۆسۈم ئېلىش ئارقىلىق ئۆز قېرىنداشلىرىڭلارغا زۇلۇم سېلىۋاتىسلەر!

ئاندىن مەن جامائەتكە چاقىرىق قىلىپ، ئۇلارغا قارشى يىغىن ئاچتىم.
8يىغىندا مەن ئۇلارغا:

_ بىز ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، يات خەلقلەرگە ئامالسىز سېتىلىپ كەتكەن يەھۇدىي قېرىنداشلىرىمىزنى تۆلەم تۆلەپ قايتۇرۇۋالغانىدۇق، ئەمدى سىلەر ئۇلارنى يەنە قۇللۇققا سېتىۋاتىسىلەر! بىز ئۇلارنى قايتىدىن قۇللۇقتىن سېتىۋېلىشىمىز كېرەكمۇ؟! _ دېدىم. ئۇلار تۇنجۇقۇپ كەتكىنىدىن زۇۋان سۈرمىدى.
9مەن يەنە:

_ قىلغىنىڭلار ھەقىقەتەن توغرا بولماپتۇ! سىلەر نېمىشقا خۇدادىن قورقماي، يات خەلق رەقىبلىرىمىزنىڭ مەسخىرە قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىسىلەر؟
10ھەتتا مەن، قېرىنداشلىرىم ۋە خىزمەتكارلىرىممۇ خەلققە پۇل ۋە ئاشلىق قەرز بەرگەنىدۇق. ئەمدى بىز ئۆسۈم ئېلىشنى توختىتايلى!
11سىلەرگە رەنىگە قويۇلغان ئېتىز، ئۈزۈمزارلىق، زەيتۇنلۇق ۋە ئۆيلەرنى ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىڭلار! پۇل، ئاشلىق، شاراب ۋە زەيتۇن يېغىنى قەرز بېرىپ ئالغان ئۆسۈملىرىڭلارنى ياندۇرۇپ بېرىڭلار! _ دېدىم.

12ئۇلار:

_ ھەممىنى قايتۇرۇپ بېرىمىز ھەمدە خەلقتىن ھېچنېمىنى تەلەپ قىلمايمىز، دېگىنىڭىز بويىچە بېجىرىمىز، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى.

مەن روھانىيلارغا چاقىرىق قىلىپ، جامائەت ئەربابلىرى ۋە ئەمەلدارلارنى بەرگەن ۋەدىسى بويىچە قەسەم قىلدۇردۇم.
13ئاندىن كېيىن چەكمىنىمنىڭ پېشىنى قېقىپ:

_ خۇدا بۇ ۋەدىدە تۇرمىغانلارنى مۇشۇنداق قېقىپ، ئۇلارنى قورۇ-جايىدىن ۋە بېساتىدىن ئادا-جۇدا قىلىۋەتسۇن، _ دېدىم.

جامائەتنىڭ ھەممىسى: «ئامىن!» دەپ، پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلىدى. ئۇلار ۋەدىسىدە تۇردى.

نەخەمىيانىڭ جامائەت ئۈچۈن ئۆز مەنپەئەتىدىن كېچىشى

14مەن يەھۇدىيەگە باشلىق بولغان ئون ئىككى يىلدا، يەنى ئارتاخشاستى پادىشاھنىڭ 20-يىلىدىن ئوتتۇز ئىككىنچى يىلىغىچە، باشلىققا خاس يېمەكلىكلەرنى يېمىدىم، تۇغقانلىرىممۇ شۇنداق قىلدى.
15بۇرۇنقى باشلىقلارنىڭ ھەممىسى خەلققە ئالۋان-ياساق سالغانىدى. ئۇلار خەلقتىن ھەر كۈنلۈكى ئۈچۈن ئوزۇق-تۈلۈك ۋە شارابلارنى ھەمدە ئۇنىڭدىن باشقا قىرىق كۈمۈش تەڭگە ئالاتتى. ھەتتا ئۇلارنىڭ خىزمەتكارلىرىمۇ خەلققە زۇلۇم سالغانىدى. لېكىن مەن ئۇنداق قىلمىدىم، چۈنكى مەن خۇداغا ئىخلاسمەن ئىدىم.
16مەن ئۆزۈمنى سېپىل قۇرۇلۇشىغا ئاتىۋەتتىم. بىز يەرگىمۇ ئىگىدارچىلىق قىلمىدۇق. پۈتۈن خىزمەتكارلىرىممۇ سېپىل قۇرۇلۇشى بىلەن ھەپىلىشىپ كەتكەنىدى.
17مېنىڭ داستىخېنىمدىن غىزالىنىدىغان يەھۇدىيلار ۋە ئەمەلدارلار ئادەتتە بىر يۈز ئەللىك كىشى بولۇپ، بۇلاردىن باشقا ئەتراپتىكى مىللەتلەردىنمۇ بار ئىدى.
18ماڭا ھەر كۈنى بىر كالا، ئالتە قوي ۋە قۇشلار، ھەر ئون كۈندە بىر قېتىم ھەر خىل شارابلار تەييارلىناتتى. شۇنداقتىمۇ، مەن باشلىققا خاس يېمەكلىكلەرنى تەلەپ قىلمىدىم، چۈنكى خەلقنىڭ يۈكىنىڭ ناھايىتى ئېغىرلىقىنى بىلەتتىم.

19ئى خۇدا، بۇ خەلق ئۈچۈن قىلغانلىرىمنى سەمىڭدە تۇتۇپ، ماڭا ياخشىلىق قىلغايسەن!


6

نەخەمىياغا قۇرۇلغان تۇزاق

1سانباللات، توبىيا شۇنداقلا گەشەم ئىسىملىك ھېلىقى ئەرەب ۋە باشقا رەقىبلەر بىزنىڭ سېپىلنى پۈتتۈرۈپ بولغانلىقىمىزدىن ۋە بىرەر شورىمۇ ئېتىلمەي قالمىغىنىدىن خەۋەر تېپىپتۇ. ئەمەلىيەتتە، بىز شەھەرنىڭ دەرۋازىلىرىغا قاناتلارنى ئورناتمىغانىدۇق.
2سانباللات بىلەن گەشەم ماڭا بىر پارچە خەت يوللاپ، مېنىڭ ئونو تۈزلەڭلىكىدىكى كىفىرىم دېگەن جايدا ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىشىمنى تەلەپ قىلدى. ئۇلار ماڭا سۇيىقەست قىلماقچىدى.
3مەن ئۇلارغا ئادەم ئەۋەتىپ: «مەن ھازىر مۇھىم ئىش ئۈستىدە، ئۇ يەرگە بارالمايمەن. سىلەر بىلەن كۆرۈشىمەن دەپ، ئىشنى توختىتىپ قويۇشنى خالىمايمەن» دېدىم.

4ئۇلار ماڭا تۆت قېتىم ئوخشاش خەت يوللىدى. مەن ئۇلارغا بۇرۇنقىغا ئوخشاش جاۋاب قايتۇردۇم.
5بەشىنچى قېتىم سانباللات ماڭا ئۆز خىزمەتكارىدىن ئوچۇق خەت يوللىدى.
6خەتتە مۇنداق دېيىلگەنىدى:


«خەلق ئارىسىدا گەپ تارقىلىپتۇ، گەشەممۇ شۇنداق دەيدۇ. سىز ھەم يەھۇدىيلار ئىسيان كۆتۈرمەكچىكەنسىلەر، شۇڭا سېپىلنى قۇرۇۋېتىپسىلەر. بۇ گەپچە، سىز ئۇلارغا پادىشاھ بولماقچىكەنسىز.
7ھەمدە پەيغەمبەرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېرۇسالېمدا ئۆزىڭىزنى يەھۇدىيەنىڭ پادىشاھى دەپ جاكارلاتقۇدەكسىز. بۇ ئىش جەزمەن پادىشاھنىڭ قۇلىقىغا يېتىدۇ. شۇڭا، كېلىپ مەن بىلەن بۇ توغرۇلۇق مەسلىھەتلىشىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.»


8مەن ئۇنىڭغا: «ئۇنداق ئىش يوق، بۇنى ئۆزىڭىز ئويدۇرۇپ چىقارغان!» دەپ جاۋاب يوللىدىم.
9ئۇلار بىزنى قورقۇتۇپ، قولىمىزنى ئىشقا بارماس قىلىپ، سېپىلنى پۈتتۈرمەسلىكنى ئويلىغانىدى. مەن: «ئى خۇدا، قولۇمغا كۈچ-قۇدرەت بەرگەيسەن!» دەپ دۇئا قىلدىم.

10بىر كۈنى مەن مىھېتابىئېلنىڭ نەۋرىسى _ دىلايانىڭ ئوغلى شىمايانىڭ ئۆيىگە باردىم. ئۇ ئىشىكنى تاقىۋېلىپ ئۆيدىن چىقمايتتى. ئۇ ماڭا:

_ بىز ئىبادەتخانا ئىچىدە كۆرۈشۈپ، ئىشىكنى تاقىۋېتەيلى. چۈنكى ئۇلار بۈگۈن كەچ كېلىپ، سىزنى ئۆلتۈرمەكچى! _ دېدى.

11مەن ئۇنىڭغا جاۋابەن:

_ مەندەك ساللاھىيەتتىكى ئادەم قېچىپ يۈرسە بولامدۇ؟ مەندەك ساللاھىيەتتىكى ئادەم جېنىنى ئامان ئېتىش ئۈچۈن ئىبادەتخانىغا مۆكۈنۈۋالسا بولامدۇ؟ مەن قەتئىي بارمايمەن! _ دېدىم.

12مەن شىمايانى خۇدانىڭ ئەۋەتمىگەنلىكىنى، بەلكى ئۇنىڭ توبىيا بىلەن سانباللاتقا سېتىلىپ ماڭا پەيغەمبەرچە ئېيتقان سۆزىنىڭ خۇدادىن كەلمىگەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم.
13ئۇلار مېنى قورقۇتۇپ، گۇناھقا پاتۇرماقچى بولغان. ئاندىن نامىمغا داغ كەلتۈرۈپ، تۆھمەت چاپلىماقچى بولغان.
14مەن:

ئى خۇدايىم، توبىيا بىلەن سانباللاتنىڭ قىلمىشلىرىنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن! مېنى قورقۇتماقچى بولغان ساختا پەيغەمبەرلەردىن ئايال نوئاديا بىلەن باشقىلارنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن، _ دەپ دۇئا قىلدىم.

قۇرۇلۇشنىڭ تاماملىنىشى

15سېپىل ئەللىك ئىككى كۈندە كۈز پەسلى ئەلۇل ئېيىنىڭ يىگىرمە بەشىنچى كۈنى* تاماملاندى.
16رەقىبلىرىمىز ۋە ئەتراپىمىزدىكى خەلقلەر بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندا قورقتى ۋە خىجالەتكە قالدى. چۈنكى ئۇلار بۇ قۇرۇلۇشنىڭ خۇدانىڭ ياردىمى ئارقىلىق پۈتكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەنىدى.

17شۇ ئەللىك ئىككى كۈن جەريانىدا، يەھۇدىي جامائەت ئەربابلىرى بىلەن توبىيا ئوتتۇرىسىدا خەت-ئالاقە بولۇپ تۇردى.
18نۇرغۇن يەھۇدىيە ئاھالىلىرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن تۇغقانچىلىقى بولۇپ، ئۇنى قوللاشقا قەسەم بەرگەنىدى. چۈنكى توبىيانىڭ قېيىنئاتىسى ئاراخنىڭ ئوغلى شىكانيا ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە توبىيانىڭ ئوغلى يىھوخانان بەرەكيانىڭ مىشۇللام دېگەن ئوغلىنىڭ قىزىنى ئالغانىدى.
19ئۇلار مېنىڭ ئالدىمدا توبىيانىڭ ياخشىلىقلىرىنى تىلغا ئېلىشتى ھەمدە مېنىڭ ئېيتقانلىرىمنى ئۇنىڭغا يەتكۈزۈپ تۇردى. توبىيامۇ مېنى قورقۇتۇش ئۈچۈن داۋاملىق خەت يوللاپ تۇردى.



*15 ھازىرقى زامان كالېندارى بويىچە مىلادىيەدىن ئىلگىرى 445-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.



 

7

1سېپىل پۈتۈپ، دەرۋازىلارغا قاناتلار ئورنىتىلىپ بولغانىدى. ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرى، مۇناجاتچىلىرى ۋە باشقا لاۋىيلار خىزمەتلەرگە تەقسىم قىلىندى.
2مەن يېرۇسالېمنى باشقۇرۇشقا قېرىندىشىم خانانىنى ۋە ئىشەنچلىك، باشقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئىخلاسمەن قورغان قوماندانى ھانانيانى تەيىنلىدىم.
3مەن ئۇلارغا:

_ يېرۇسالېم دەرۋازىلىرىنى چىڭقىچۈشتە ئاچماڭلار، دەرۋازىۋەنلەر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقاندا تاقاقلار سېلىنىپ دەرۋازىلار ئېتىلسۇن! يېرۇسالېم ئاھالىسىدىن بەزىلەرنى قاراۋۇللۇققا، بەزىلەرنى ئۆز ئۆيلىرىنىڭ ئەتراپىنى چارلاشقا مۇھاپىزەتچىلىككە تەيىنلەڭلار! _ دېدىم.

سۈرگۈندىن قايتقانلارنىڭ تىزىملىكى

4بۇ ۋاقىتتا يېرۇسالېم ناھايىتى چوڭ بولسىمۇ، ئاھالىسى ئانچە كۆپ ئەمەس، ئۆيلەرمۇ ئانچە چۈشمىگەنىدى.
5خۇدا مېنىڭ جامائەت ئەربابلىرى، ئەمەلدارلار ۋە پۇقرالارنى يىغىپ، ئۇلارنىڭ نەسەبنامىسىنى تەكشۈرۈپ چىقىشىمنى كۆڭلۈمگە سالدى. مەن بىرىنچى تۈركۈم سۈرگۈندىن يەھۇدىيەگە قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ نەسەبنامە خاتىرىسىنى تاپتىم. ئۇنىڭدا مۇنداق خاتىرىلەنگەن:

6مانا بۇ بابىلدىكى ئەسىردىن قايتقان يەھۇدىي سۈرگۈنلەرنىڭ تىزىملىكى. نىبۇكادنەزەر پادىشاھ بۇرۇن ئۇلارنى بابىلغا پالىغانىدى. بىراق ھازىر ئۇلار ئۆز يۇرتى يەھۇدىيەنىڭ يېرۇسالېم ۋە باشقا جايلىرىغا قايتىپ كەلدى.
7زىرۇببابەل، يېشۇۋا، نەخەمىيا، ئازاريا، رائاميا، ناخامانى، موردىكاي، بىلشان، مىسپار، بىگۋاي، نىخۇم ۋە بائانالار ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ قايتۇرۇپ كەلدى.

سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەن ئىسرائىل ئەرلەرنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە:


8پارئوش جەمەتىدىن 2172 كىشى

9شىفاتيا جەمەتىدىن 372 كىشى

10ئاراخ جەمەتىدىن 652 كىشى

11پاخات-موئاب جەمەتىدىن (يېشۇۋا ۋە يوئابنىڭ ئەۋلادلىرى) 2818 كىشى

12ئېلام جەمەتىدىن 1254 كىشى

13زاتتۇ جەمەتىدىن 845 كىشى

14زاككاي جەمەتىدىن 760 كىشى

15بانى جەمەتىدىن 648 كىشى

16بېباي جەمەتىدىن 628 كىشى

17ئازگاد جەمەتىدىن 2322 كىشى

18ئادونىقام جەمەتىدىن 667 كىشى

19بىگۋاي جەمەتىدىن 2067 كىشى

20ئادىن جەمەتىدىن 655 كىشى

21ئاتېر جەمەتىدىن (خىزكىيانىڭ ئەۋلادلىرى) 98 كىشى

22خاشۇم جەمەتىدىن 328 كىشى

23بېزاي جەمەتىدىن 324 كىشى

24خارىف جەمەتىدىن 112 كىشى

25گىبئون جەمەتىدىن 95 كىشى

26بەيتلەھەملىكلەر ۋە نىتوفالىقلاردىن 188 كىشى

27ئاناتوتلۇقلاردىن 128 كىشى

28بەيت-ئازماۋەتلىكلەردىن 42 كىشى

29قىريات-يىئارىم، كىفىرا ۋە بەئەروتلۇقلاردىن 743 كىشى

30راماھ ۋە گەبالىقلاردىن 621 كىشى

31مىكماسلىقلاردىن 122 كىشى

32بەيتەل ۋە ئايلىقلاردىن 123 كىشى

33نىبولۇقلاردىن 52 كىشى

34ئېلاملىقلاردىن 1254 كىشى

35خارىملىقلاردىن 320 كىشى

36ئېرىخالىقلاردىن 345 كىشى

37لود، خادىد ۋە ئونولۇقلاردىن 721 كىشى

38سىنائالىقلاردىن 3930 كىشى.


39روھانىيلاردىن:

يىدايا جەمەتىدىن (يېشۇۋانىڭ ئەۋلادلىرى) 973 كىشى

40ئىممېر جەمەتىدىن 1052 كىشى

41پاشخۇر جەمەتىدىن 1247 كىشى

42خارىم جەمەتىدىن 1017 كىشى.

43لاۋىيلاردىن:

يېشۇۋا جەمەتىدىن (قادمىئېل ۋە ھودىۋا ئەۋلادلىرى) 74 كىشى

44ئىبادەتخانا مۇناجاتچىلىرى ئاساف جەمەتىدىن 148 كىشى

45ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرى شاللۇم، ئاتېر، تالمون، ئاققۇب، خاتىتا ۋە شوباي جەمەتلىرىدىن 138 كىشى.

46ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى جەمەتىدىن:

زىخا، خاسۇفا، تاببائوت،

47قېروس، سىئە، پادون،

48لىبانا، خاگابا، شالماي،

49خانان، گىددېل، گاخار،

50رىئايا، رىزىن، نىقودا،

51گاززام، ئۇززا، پاسېياخ،

52بېساي، مىئۇنىم، نىفۇشىسىم،

53باقبۇق، خاقۇفا، خارخۇر،

54بازلىت، مىخىدا، خارشا،

55بارقوس، سىسىرا، تەماخ،

56نىزىياخ ۋە خاتىفالار.

57سۇلايمان پادىشاھ خىزمەتكارلىرى جەمەتىدىن:

سوتاي، سوفەرەت، پىرىدا،

58يالا، دارقون، گىددېل،

59شىفاتيا، خاتتىل، پوكەرەت-ھاززىبايىم ۋە ئامونلار.

60ئىبادەتخانا ۋە سۇلايمان پادىشاھ خىزمەتكارلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن جەمئىي 392 كىشى.


61تېلمەلاخ، تېلخارشا، كىرۇب، ئاددون ۋە ئىممېر دېگەن جايلاردىن كەلگەن بىر توپ كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىسرائىل ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالمىدى.
62بۇ كىشىلەر دىلايا، توبىيا ۋە نىقودا جەمەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، جەمئىي 642 كىشى ئىدى.

63خاباييا، ھاققوز ۋە بارزىللاي دېگەن ئۈچ روھانىي جەمەتىمۇ قايتىپ كەلگەن بولۇپ، بارزىللاي بولسا گىلئادلىق بارزىللاينىڭ بىر قىزىغا ئۆيلىنىپ، ئۇنىڭ فامىلىسىنى ئىشلەتكەنىدى.
64بۇ روھانىيلار ئۆز نەسەبنامىسىنى ئىزدىنىپ، جەمەت ناملىرىنى تاپالمىدى. شۇڭا ئۇلار ناپاك ھېسابلىنىپ، روھانىيلىق ئورنىدىن ئورۇن ئالالمىدى.
65يەھۇدىيلارنىڭ باشلىقى ئۇلارغا، «ئۇرىم» ۋە «تۇممىم»نى* ئىشلىتىپ، خۇدانىڭ ئىرادىسىنى بىلەلەيدىغان روھانىي كەلگۈچە، خۇداغا ئاتالغان يېمەكلىكلەرنىڭ روھانىيلارغا تېگىشلىكىنى يېمەسلىكنى بۇيرۇدى.

66يەھۇدىيەگە قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 42,360 كىشى بولدى.
67سانالماي قالغانلاردىن 7337 ئەر-ئايال خىزمەتكار، 245 ئەر-ئايال ناخشىچى ۋە
68ئۇلارنىڭ 736 ئات، 245 قېچىر،
69435 تۆگە ۋە 6720 ئېشىكىمۇ بار ئىدى.

70بەزى جەمەت باشلىقلىرى ئىبادەتخانىنى يېڭىباشتىن بىنا قىلىشقا ئىئانە قىلدى. يەھۇدىيلارنىڭ باشلىقى 1000 ئالتۇن تەڭگە، 50 دانە داس، 530 قۇر روھانىي تونى بەردى.
71باشقا جەمەت باشلىقلىرى ئىبادەتخانا قۇرۇلۇش مالىيەسىگە 20,000 ئالتۇن تەڭگە ۋە 1320 كىلو كۈمۈش بەردى.
72قالغان خەلق 20,000 ئالتۇن تەڭگە، 1200 كىلو كۈمۈش ۋە 67 قۇر روھانىي تونى بەردى.

73بارلىق ئىسرائىللار، يەنى روھانىيلار، لاۋىيلاردىن ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرى، مۇناجاتچىلىرى ھەم خىزمەتكارلىرى ۋە ئايرىم كىشىلەر ئۆز يۇرتلىرىغا جايلاشتى.

ئەزرانىڭ تەۋرات قانۇنىنى ئوقۇپ بېرىشى

ئىسرائىللار ئۆز يۇرتلىرىغا ئورۇنلىشىپ بولدى.



*65 كۆپ تەرەپلىمىلىك ئىزدىنىشلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ خۇدانىڭ ئىرادىسىنى بىلىش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان مۇقەددەس چەك بولۇشى مۇمكىن. «ئۇرىم»نىڭ ئىبرانىي تىلىدىكى مەنىسى «قارغاش»، بۇ يەردە «بولمايدۇ» دېگەن مەنىدە بولۇشى مۇمكىن. «تۇممىم»نىڭ ئىبرانىي تىلىدىكى مەنىسى «تەلتۆكۈس»، بۇ يەردە «بولىدۇ» دېگەن مەنىدە بولۇشى مۇمكىن.



 

8

1كۈز كەلگەندە ئۇلار بىر نىيەت بىر مەقسەتتە يېرۇسالېمدىكى سۇ دەرۋازىسىدىن كىرگەندىكى مەيدانغا جەم بولدى. ئۇلار تەۋرات ئۇستازى ئەزرانى خۇدانىڭ ئىسرائىللارنىڭ ئەمەل قىلىشى ئۈچۈن مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرگەن تەۋرات قانۇن يازمىسىنى ئېلىپ كېلىشكە تەكلىپ قىلدى.
2شۇڭا 7-ئايىنىڭ 1-كۈنى* ئەزرا روھانىي ئۇنى ئەرلەر، ئاياللار ۋە بارلىق چۈشىنەلەيدىغان بالىلار جەم بولغان جامائەت ئالدىغا ئېلىپ كەلدى.
3ئۇ تاڭ سەھەردىن چۈشكىچە سۇ دەرۋازىسىدىن كىرگەندىكى مەيداندا قانۇننى چۈشىنەلەيدىغان ھەرقانداق كىشىگە ئۈنلۈك ئوقۇپ بەردى. بارلىق خەلق دىققەت بىلەن ئاڭلىدى.

4تەۋرات ئۇستازى ئەزرا بۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس ياسىتىلغان ئېگىز ياغاچ مۇنبەردە تۇردى. ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدىن ماتتىتيا، شەما، ئانايا، ئۇرىيا، خىلقىيا، مائاسېيالار ۋە سول يېنىدىن پىدايا، مىشائېل، مالكىيا، خاشۇم، خاشباددانا، زىكىرىيا، مىشۇللاملار ئورۇن ئالدى.
5ئەزرا مۇنبەردە تۇرغاندا، ھەممەيلەن ئۇنى ئېنىق كۆرەلىدى. ئۇ يازمىنى ئاچقاندا، بارلىق جامائەت ئورنىدىن تۇرۇشتى.
6ئۇ پەرۋەردىگار بولغان ئۇلۇغ خۇدانى مەدھىيەلىگەندە، پۈتۈن جامائەت قوللىرىنى كۆتۈرۈپ: «ئامىن! ئامىن!» دېيىشتى. كېيىن ئۇلار تىزلىنىپ، يۈزلىرىنى يەرگە يېقىپ سەجدە قىلدى.
7لاۋىيلاردىن يېشۇۋا، بانى، شېرېبىيا، يامىن، ئاققۇب، شاببىتاي، ھودىيا، مائاسېيا، قىلىتا، ئازاريا، يوزاباد، خانان ۋە پىلايالار جامائەت ئۆز ئورۇنلىرىدا تۇرغاندا، قانۇن توغرۇلۇق چۈشەنچە بەردى.
8ئۇلار خۇدانىڭ قانۇنىنى جامائەتكە ئوقۇپ، مەنىسىنى يېشىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن جامائەت بۇنىڭدىن چۈشەنچە ھاسىل قىلدى.

9جامائەت قانۇننى ئاڭلاپ، كۆز يېشى قىلىشتى. شۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيە باشلىقى نەخەمىيا، تەۋرات ئۇستازى ئەزرا روھانىي ۋە قانۇن توغرۇلۇق چۈشەنچە بېرىدىغان لاۋىيلار جامائەتكە:

_ بۈگۈن پەرۋەردىگارىمىز خۇدا ئۈچۈن مۇقەددەس كۈندۇر! سىلەر يىغا-زار قىلماڭلار!
10ئەمدى كۆپچىلىك قايتىپ زىياپەت تەييارلاڭلار. ئېسىل تائام ۋە شېرىن ئىچىملىكلەردىن بەھرىمەن بولۇڭلار. ئۇلارنى ھېچنېمە ھازىرلىيالمىغانلار بىلەن بۆلۈپ يەڭلار. بۈگۈن خۇدايىمىز ئۈچۈن مۇقەددەس كۈندۇر، قايغۇرماڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگاردىن كەلگەن شاد-خۇراملىقىمىز بىزنىڭ كۈچ-قۇدرىتىمىزدۇر! _ دېدى.

11لاۋىيلار جامائەتنى تىنچلاندۇرۇپ:

_ بۈگۈن مۇقەددەس كۈندۇر! قايغۇرۇشنى توختىتىڭلار! _ دېدى.

12جامائەت ئوقۇلغان مەزمۇننى چۈشەنگەنلىكى ئۈچۈن، ئۆيلىرىگە قايتىپ، شاد-خۇراملىق ئىچىدە زىياپەت داستىخىنىدىن غىزالاندى ۋە ئۆزىدە بارىغا باشقىلار بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولۇشتى.

كەپە تىكىش ھېيتى

13ئەتىسى ھەر قايسى جەمەتلەرنىڭ باشلىقلىرى تەۋرات قانۇنىنىڭ تەلىملىرىنى ئوبدانراق بىلىۋېلىش ئۈچۈن روھانىيلار ۋە لاۋىيلار بىلەن بىللە تەۋرات ئۇستازى ئەزرانىڭ يېنىغا باردى.
14ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرگەن قانۇنىدىن، كۈزدىكى كەپە تىكىش ھېيتى مەزگىلىدە ئىسرائىللارنىڭ كەپىلەردە تۇرۇشى بۇيرۇلغانلىقىنى بايقىدى.
15ئۇلار قانۇندا يېزىلغان: «ئېدىرلىقلارغا بېرىپ، زەيتۇن، ياۋا زەيتۇن، چاتقال، پالما ۋە باشقا مول يوپۇرماقلىق دەرەخلەرنىڭ شاخلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، كەپە ياساڭلار» دېگەن بۇيرۇقنى جاكارلىشى ۋە ئۇنى ئۆز يۇرتلىرى ھەم يېرۇسالېمدا تارقىتىشى كېرەك ئىدى.
16شۇنىڭ بىلەن جامائەت دەرەخ شاخلىرىنى كېسىپ كېلىپ، ئۆگزىلىرىگە، ھويلىلىرىغا، ئىبادەتخانا ھويلىسىغا ۋە سۇ دەرۋازىسى ھەم ئەفرايىم دەرۋازىسى ئىچىدىكى مەيدانلارغا كەپە ياسىدى.
17سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى كەپىلەرنى ياساپ، ئۇلاردا تۇردى. ئىسرائىللار بۇ ھېيتنى نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋانىڭ زامانىدىن تارتىپ مۇنداق تەبرىكلەپ باقمىغانىدى. ھەممە ئادەم شاد-خۇراملىققا چۆمگەنىدى.
18ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنىدىن ئەڭ ئاخىرقى كۈنىگىچە، ئەزرا ھەر كۈنى خۇدانىڭ قانۇنىدىن بىر پارچە ئوقۇپ تۇردى ۋە يەتتە كۈن ھېيت قىلىپ، سەككىزىنچى كۈنى بېكىتىلگەن تۈزۈم بويىچە يېپىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.



*2 ھازىرقى زامان كالېندارى بويىچە 3-ئاينىڭ 8-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.



 

9

خەلقنىڭ ئۆز گۇناھلىرىغا توۋا قىلىشى

1بۇ ئاينىڭ 24-كۈنى ئىسرائىللار بىر يەرگە جەم بولۇپ، روزا تۇتتى. ئۇلاركاناپ رەختكە يۆگىنىپ، بېشىغا توپا چېچىپ، قايغۇلىرىنى ئىپادىلەشتى.
2ئۇلار ئاللىبۇرۇن يات خەلقلەردىن ئايرىلىپ كەتكەنىدى. ئۇلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ ئۆزلىرى ۋە ئەجدادلىرى ئۆتكۈزگەن گۇناھلارغا توۋا قىلىشتى.
3ئۇلار ئۈچ سائەتكىچە ئۆرە تۇرۇپ، پەرۋەردىگار _ ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ تەۋرات قانۇنىنى ئاڭلىدى، ئاندىن يەنە ئۈچ سائەت گۇناھلىرىغا توۋا قىلىپ، پەرۋەردىگار خۇداغا سەجدە قىلدى.

4لاۋىيلاردىن يېشۇۋا، بانى، قادمىئېل، شىبانيا، بۇننى، شېرېبىيا، بانى ۋە كىنانىلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ياسالغان پەلەمپەيدە تۇرۇپ پەرۋەردىگار خۇداغا ئۈنلۈك ئاۋازدا دۇئا قىلدى.

5لاۋىيلاردىن يېشۇۋا، قادمىئېل، بانى، خاشابنىيا، شېرېبىيا، ھودىيا، شىبانيا ۋە پىتاخيالار خەلققە مۇنداق چاقىرىق قىلدى: «ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى مەدھىيەلەڭلار، ئۇ ئەبەدىلئەبەدتۇر!» ئاندىن ئۇلار مۇنداق دۇئا قىلدى:


«ئى خۇدا، شانلىق نامىڭ مەدھىيىلەنگەي! نامىڭ پۈتكۈل ھەمدۇسانا ۋە مەدھىيەلەردىن يۈكسەكتۇر!
6سەن بىردىنبىر پەرۋەردىگاردۇرسەن! سەن ئاسمان، ھەتتا ئەرشئەلا بىلەن پۈتۈن يۇلتۇزلارنى ۋە يەر-زېمىن بىلەن ئۇنىڭدىكى بارلىقىنى ۋە دېڭىز-ئوكيانلار بىلەن ئۇنىڭدىكى جىمىسىنى ياراتتىڭ. سەن پۈتكۈل مەۋجۇداتلارغا جان بەرگۇچىدۇرسەن. ئەرشئەلادىكى پەرىشتىلەر ساڭا سەجدە قىلىدۇ.
7سەن پەرۋەردىگار، ئىبرامنى تاللىغان خۇدادۇرسەن، سەن ئۇنى كالدانلارنىڭ ئۇر شەھىرىدىن ئېلىپ چىقىپ، ئىسمىنى ئىبراھىمغا ئۆزگەرتتىڭ.
8ئۇ ئۆزىنىڭ سادىقلىقىنى كۆرسەتكەندە، سەن ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا كەنئانلار، خىتلار، ئامورلار، پەرىززىلەر، يىبۇسلار ۋە گىرگاشلارنىڭ زېمىنلىرىنى بېرىشكە ئۇنىڭ بىلەن ئەھدە تۈزدۈڭ. سەن ھەققانىي بولغانلىقىڭ ئۈچۈن ۋەدەڭدە تۇردۇڭ.

9سەن ئەجدادلىرىمىزنىڭ مىسىردا خارلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۈڭ، ئۇلارنىڭ قىزىل دېڭىزدىكى نالە-پەريادلىرىنى ئاڭلىدىڭ.
10سەن مىسىر پادىشاھى، ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە قارشى مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسەتتىڭ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆز خەلقىڭنى خارلىغىنىنى بىلىپ يەتتىڭ. سەن مەڭگۈ ئۇنتۇلماس نام-شۆھرەت قازاندىڭ.
11سەن دېڭىزنى يېرىپ خەلقىڭگە يول ئېچىپ بەردىڭ. ئۇلار قۇرۇق يول بىلەن دەريادىن ئۆتتى. ئۇلارنى قوغلاپ كەلگەنلەرنى، گويا قەھرلىك دېڭىزغا چۆككەن تاشتەك، چوڭقۇر سۇغا غەرق قىلدىڭ.
12كۈندۈزى ئۇلارغا بۇلۇت تۆۋرۈكى ئارقىلىق يول باشلىدىڭ، كېچىسى يولىنى ئوت تۈۋرۈكى ئارقىلىق يورۇتتۇڭ.
13سەن سىناي تېغىغا چۈشۈپ، ئەرشتىن خەلقىڭگە سۆز قىلىپ، ئۇلارغا ئادىل تۈزۈملەر، ھەق قانۇنلار ۋە لىللا ئەمر-پەرمانلارنى چۈشۈرۈپ بەردىڭ.
14سەن ئۇلارغا ئۆزۈڭگە بېغىشلانغان دەم ئېلىش كۈنىنى بىلدۈردۈڭ ھەمدە خىزمەتكارىڭ مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرگەن قانۇن ۋە ئەمر-پەرمانلىرىڭنى بەردىڭ.
15ئۇلارنىڭ قارنى ئاچقاندا، ئاسماندىن يېمەكلىك چۈشۈرۈپ بەردىڭ، ئۇسسىغاندا قورام تاشتىن سۇ چىقىرىپ بەردىڭ. سەن ئۇلارغا ئۆزۈڭ ۋەدە قىلغان زېمىنغا بېرىپ، ئۇنىڭغا ئىگىدارچىلىق قىلىشنى بۇيرۇدۇڭ.
16لېكىن ئەجدادلىرىمىز تەكەببۇرلۇق ۋە بوينى قاتتىقلىق قىلىپ، ئەمرلىرىڭگە ئىتائەت قىلمىدى.
17ئۇلار ئىتائەتسىزلىك قىلىپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىڭنى ئۇنتۇدى. ئۇلار بوينى قاتتىقلىق قىلىپ، مىسىردىكى قۇللۇقىغا قايتىشقا بىر باشلىق تەيىنلىۋالدى. لېكىن سەن شەپقەتلىك، رەھىمدىل ھەم مېھرىبان، ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيدىغان ۋە مېھىر-مۇھەببىتىڭ چەكسىز خۇدادۇرسەن. شۇڭلاشقا سەن ئۇلارنى تاشلىۋەتمىدىڭ.
18ھەتتا ئۇلار موزاي سۈرىتىدە بۇت ياساپ، ‹بۇ بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان ئىلاھ› دەپ، ساڭا ئېغىر ھاقارەت كەلتۈردى.
19لېكىن سەن رەھىمدىللىكىڭ بىلەن ئۇلارنى چۆلدە تاشلىۋەتمەي، كۈندۇزى يول باشلىغان بۇلۇت تۆۋرۈكىنى ۋە كېچىسى يول كۆرسەتكەن ئوت تۆۋرۈكىنى ئۇلاردىن ئايرىمىدىڭ.
20سەن ئۇلارغا تەلىم بېرىشكە پاك نىيەت روھىڭنى ئاتا قىلدىڭ. ئۇلارنىڭ قورسىقىدىن ماننانى* ئايىمىدىڭ ۋە ئۇسسۇزلۇقىغا سۇ بەردىڭ.
21سەن قىرىق يىل ئۇلارنىڭ چۆل-باياۋاندىكى پۈتۈن ئېھتىياجىنى قاندۇردۇڭ، ئۇلار كەم-كۈتىسىز بولدى، كىيىم-كېچەكلىرى ئۇپرىمىدى ۋە پۇتلىرىمۇ ئىششىمىدى.

22سەن ئەجدادلىرىمىزنىڭ پادىشاھلىقلارنى ۋە خەلقلەرنى يىمىرىشىگە ياردەمدە بولۇپ، خەلقىڭنى ئۇ زېمىننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئورۇنلاشتۇردۇڭ. ئۇلار سىخون پادىشاھنىڭ خەشبون شەھىرى ۋە ئەتراپىدىكى زېمىنىنى ۋە ئوگ پادىشاھنىڭ زېمىنى باشاننى ئىشغال قىلدى.
23سەن ئۇلارغا ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپ ئەۋلاد بېرىپ، ئۇلارنى ئەجدادلىرىغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىنغا باشلاپ كەلدىڭ.
24ئۇلار بېسىپ كىرىپ ئۇ زېمىننى ئىشغال قىلدى. سەن ئۇلارغا كەنئان زېمىننىڭ ئاھالىسىنى بويسۇندۇرۇپ بەردىڭ. سەن ئۇ زېمىننىڭ پادىشاھلىرى ۋە خەلقىنى ئۇلارنىڭ مەيلىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بەردىڭ.
25خەلقىڭ سېپىللىرى مۇستەھكەم شەھەرلەرنى ۋە مۇنبەت يەرلەرنى تارتىۋالدى. ئۇلار مال-دۇنيا بىلەن تولغان ئۆيلەرگە، قېزىپ قويۇلغان قۇدۇقلارغا، ئۈزۈمزارلىقلارغا، زەيتۇنلۇقلارغا ۋە مول مېۋە دەرەخلىرىگە ئىگە بولدى. ئۇلار قانغۇچە يەپ-ئىچىپ، سەمرىۋالدى ۋە ئاتا قىلغان پۈتكۈل نېمەتلىرىڭدىن بەھرىمەن بولۇۋالدى.

26لېكىن، خەلقىڭ سەندىن يۈز ئۆرۈپ ساڭا ئىتائەت قىلماي، قانۇنۇڭنى تاشلاپ قويدى. ئۇلار ئۆزلىرىنى ساڭا قايتىدىن يېقىنلىشىشقا دەۋەت قىلغان پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرۈپ، ساڭا ئېغىر ھاقارەت كەلتۈردى.
27شۇڭا سەن ئۇلارنى زۇلۇم سالىدىغان دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردىڭ. ئۇلار ئازاب چېكىپ ساڭا يېلىنغاندا، سەن ئەرشتىن ئۇلارنىڭ يېلىنىشلىرىغا قۇلاق سالدىڭ. سەن يۈكسەك رەھىمدىللىكىڭدە ئۇلارنى رەقىبلىرىدىن قۇتقۇزىدىغان كىشىلەرنى ئەۋەتتىڭ.
28ئۇلار ئارام تاپقاندىن كېيىن، كۆز ئالدىڭدا يەنە يامان ئىش قىلدى . سەن ئۇلارنى يەنە رەقىبلىرىنىڭ قولىغا تۇتۇپ بەردىڭ. لېكىن ئۇلار يەنە ساڭا يېلىنغاندا، سەن ئەرشتىن ئۇلارنىڭ يېلىنىشلىرىغا قۇلاق سېلىپ، رەھىمدىللىكىڭدە ئۇلارنى كۆپ قېتىم قۇتۇلدۇردۇڭ.

29سەن ئۇلارنى قايتىدىن قانۇنۇڭغا باش ئېگىشكە دەۋەت قىلدىڭ. لېكىن ئۇلار تەكەببۇرلىشىپ، ئەمرلىرىڭگە قۇلاق سالمىدى. ئۇلار نىزاملىرىڭغا رىئايە قىلمىدى. ئەگەر شۇنداق قىلغان بولسا ئىدى، ھايات يولىنى تاپقان بولاتتى. ئۇلار ساڭا تەرسالىق بىلەن بوينى قاتتىقلىق قىلىپ، ئىتائەت قىلىشنى رەت قىلدى.
30سەن ئۇلارغا ئۇزۇن يىللار سەۋر-تاقەتلىك قىلدىڭ ھەمدە روھىڭ ئارقىلىق پەيغەمبەرلىرىڭدىن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇردۇڭ. بىراق ئۇلار قۇلاق سالمىدى. شۇڭا سەن ئۇلارنى يەرلىك خەلقلەرنىڭ قولىغا تۇتۇپ بەردىڭ.
31بىراق سەن يۈكسەك رەھىمدىللىكىڭدە ئۇلارنى پۈتۈنلەي ھالاك قىلمىدىڭ ۋە تاشلىۋەتمىدىڭ. چۈنكى سەن مېھرىبان ۋە رەھىمدىل خۇدادۇرسەن!

32ئۇلۇغ، قۇدرەتلىك ۋە سۈرلۈك ھەم مەڭگۈ مېھىر-مۇھەببەتلىك ئەھدىسىدە تۇرىدىغان خۇدايىمىز، ئاسسۇر پادىشاھلىرى بىزگە زۇلۇم سالغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، پادىشاھلىرىمىز، ئەمەلدارلىرىمىز، روھانىيلىرىمىز، پەيغەمبەرلىرىمىز، ئاتا-بوۋىلىرىمىز ۋە پۈتۈن خەلقىڭ دۇچ كەلگەن ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە سەل قارىمىغايسەن.
33سېنىڭ بىزنى جازالىغىنىڭ ھەقلىقتۇر. سەن ۋاپادار بولدۇڭ، لېكىن بىز بولساق رەزىللىك قىلدۇق.
34پادىشاھلىرىمىز، ئەمەلدارلىرىمىز، روھانىيلىرىمىز ۋە ئاتا-بوۋىلىرىمىز قانۇنۇڭغا بويسۇنمىدى، ئەمر ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىڭغا قۇلاق سالمىدى.
35ھەتتا ئۇلارنىڭ ئۆز پادىشاھلىقى بولۇپ، سەن ئۇلارغا بېغىشلىغان بىپايان مۇنبەت تۇپراقتىكى نېمەتلىرىڭدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقاندا، رەزىللىكلىرىدىن قايتماي، سېنىڭ يولۇڭدا ماڭمىدى.

36ئەمدى بىز قۇل بولۇپ قالدۇق. بىز ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ مېۋە-چېۋە ۋە نېمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇشى ئۈچۈن سەن ئۇلارغا ئاتا قىلغان زېمىندا قۇل بولدۇق.
37بۇ تۇپراقنىڭ مول مەھسۇلاتلىرى گۇناھىمىز ۋەجىدىن سەن ئۈستىمىزدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا قويغان پادىشاھلارغا مەنسۇپ بولدى. ئۇلار بىز ۋە مال-ۋارانلىرىمىزنى خالىغىنىچە باشقۇرۇۋاتىدۇ. بىز جەبىر-زۇلۇم ئىچىدە قالدۇق!»

جامائەتنىڭ ۋەدىنامە يېزىشى

38مانا شۇ ئىشلار ۋەجىدىن بىز ۋەدىنامە يازدۇق . ئەمەلدارلىرىمىز، لاۋىيلار ۋە روھانىيلىرىمىز ئۆز مۆھۈرلىرىنى باستى.



*20 ماننا _ ئىسرائىللار مىسىردىن چىقىپ چۆلدە قىرىق يىل ياشىغاندا، خۇدا ئۇلارغا ئاتا قىلغان ئالاھىدە يېمەكلىك.



 

10

1مەزكۇر ۋەدىنامىگە مۆھۈرلىرىنى باسقانلار:

خاكاليانىڭ ئوغلى يەھۇدىيەنىڭ باشلىقى نەخەمىيا ۋە زىدقىيا.

2روھانىيلاردىن:

سىرايا، ئازاريا، يەرەمىيا،
3پاشخۇر، ئاماريا، مالكىيا،
4خاتتۇش، شىبانيا، ماللۇك،
5خارىم، مىرېموت، ئوبادىيا،
6دانىيال، گىننىتون، بارۇك،
7مىشۇللام، ئابىيا، مىيامىن،
8مائازيا، بىلگاي ۋە شىمايالار.

9لاۋىيلاردىن:

ئازانيانىڭ ئوغلى يېشۇۋا، خېنادادنىڭ ئوغلى بىننۇي، قادمىئېل
10ھەمدە ئۇلارنىڭ خىزمەتداشلىرىدىن شىبانيا، ھودىيا، قىلىتا، پىلايا، خانان،
11مىكا، رىخوب، خاشابيا،
12زاككۇر، شېرېبىيا، شىبانيا،
13ھودىيا، بانى ۋە بىنىنۇلار.

14ئەمەلدارلاردىن:

پارئوش، پاخات-موئاب، ئېلام، زاتتۇ، بانى،
15بۇننى، ئازگاد، بېباي،
16ئادونىيا، بىگۋاي، ئادىن،
17ئاتېر، خىزكىيا، ئاززۇر،
18ھودىيا، خاشۇم، بېساي،
19خارىف، ئاناتوت، نېباي،
20ماگپىئاش، مىشۇللام، خېزىر،
21مىشېزابئېل، زادوق، ياددۇئا،
22پىلاتيا، خانان، ئانايا،
23ھوشىيا، ھانانيا، خاششۇب،
24ھاللوھېش، پىلخا، شوبېق،
25رىخۇم، خاشابنا، مائاسېيا،
26ئاخىيا، خانان، ئانان،
27ماللۇك، خارىم ۋە بائانالار.

ۋەدىنامىنىڭ مەزمۇنى

28قالغان خەلقلەردىن، روھانىيلار، لاۋىيلار، ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرى، مۇناجاتچىلىرى، خىزمەتكارلىرى ھەم خۇدانىڭ قانۇنىغا بويسۇنۇش يولىدا بۇ زېمىننىڭ يات خەلقلىرىدىن ئۆزلىرىنى چەتكە ئالغانلار، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ۋە بارلىق ئەقىل يېشىغا يەتكەن قىز-ئوغۇللىرى
29ئۆزلىرىنىڭ يۇرت باشلىرى بىلەن بىللە خۇدا ئالدىدا قەسەم قىلدى. ئەگەر ئۇلار خۇدانىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىغا خىلاپلىق قىلسا، خۇدانىڭ قارغىشىغا كېتىدۇ. ئۇلار ئىگىمىز پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئەمرلىرىگە ۋە قائىدە-نىزاملىرىغا ئەمەل قىلىمىز، دەپ قەسەم بېرىشتى:


30«بىز بۇ زېمىندىكى يات خەلقلەر بىلەن نىكاھلانمايمىز.
31ئەگەر بۇ زېمىندىكى يات خەلقلەر دەم ئېلىش كۈنى ياكى باشقا مۇقەددەس كۈنلەردە ئوزۇق-تۈلۈك سېتىپ سودا-سېتىق قىلسا، بىز ئۇلاردىن قەتئىي سېتىۋالمايمىز. بىز ھەر يەتتىنچى يىلى يەرنى دەم ئالدۇرىمىز ۋە قەرزلەرنى بىكار قىلىمىز.

32بىز ئىبادەتخانىنىڭ خىراجىتى ئۈچۈن ھەر يىلى تۆت گرامدىن كۈمۈش بېرىش مەسئۇلىيىتىمىزنى ئۈستىمىزگە ئالىمىز.
33بۇ خىراجەت خۇداغا ئاتالغان نانلار، كۈندىلىك ئاشلىق ھەدىيەلىرى ھەم كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، دەم ئېلىش كۈنى، ھىلال ئاي ھەم بەلگىلىگەن ھېيتلاردا قىلىنىدىغان ھەدىيەلەر، خۇداغا ئاتالغان قۇربانلىقلار، ئىسرائىللارنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن كەچۈرۈلۈش قۇربانلىقلىرى ۋە ئىبادەتخانا خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

34بىز روھانىيلار، لاۋىيلار ۋە باشقا بارلىق خەلق تەۋرات قانۇنىغا بىنائەن پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ قۇربانلىق سۇپىسىدا قالىنىدىغان ئوتۇنلارنى ھەر يىلى قايسى جەمەتنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئىبادەتخانىغا ئېلىپ كېلىشىنى چەك تاشلاش ئارقىلىق بەلگىلەيمىز.

35بىز ھەر يىلى تۇنجى پىشقان ئاشلىق بىلەن مېۋىلىرىمىزنى ئىبادەتخانىغا ئېلىپ كېلىشنى ئۈستىمىزگە ئالىمىز.
36تەۋرات قانۇنىغا بىنائەن بىز تۇنجى ئوغلىمىز ۋە مال-ۋارانلىرىمىزنى خۇدانىڭ خىزمىتىدە بولۇۋاتقان ئىبادەتخانىدىكى روھانىيلارغا ئېلىپ كېلىمىز*.
37بىز ھەر يىلى ئەڭ ياخشى ئۇن ھەم باشقا ھەدىيەلەر، ھەر خىل مېۋىلەر، شارابلار ۋە زەيتۇن ياغلىرىنى ئىبادەتخانىنىڭ ئامبارلىرىدا ساقلاش ئۈچۈن روھانىيلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارىمىز. بىز يېرىمىزدىن چىققان مەھسۇلاتلارنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى لاۋىيلارغا تاپشۇرىمىز. لاۋىيلار بۇنى ھەممە يېزىلىرىمىزدىن يىغىدۇ.
38لاۋىيلار بۇنى يىغقاندا، تۇنجى باش روھانىي ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىدىن بىر روھانىي ئۇلار بىلەن بىللە بولۇپ، يىغقانلارنى ئىبادەتخانا ئامبارلىرىغا ئېلىپ بارىدۇ.
39ئىسرائىللار ۋە لاۋىيلار ھەدىيە قىلغان ئاشلىق، شاراب ۋە زەيتۇن يېغىنى ئىبادەتخانىنىڭ سايمانلىرى ساقلىنىدىغان ۋە نۆۋەتچى روھانىيلار، ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرى ھەم مۇناجاتچىلىرى تۇرىدىغان ئىبادەتخانا ئۆيلىرىگە ئېلىپ بارىدۇ. بىز نەزىرىمىزنى ئىبادەتخانىدىن نېرى قىلمايمىز.»



*36 تەۋرات قانۇنىغا بىنائەن تۇنجى ئوغۇل ۋە تۇنجى ئەركەك مال-ۋارانلار خۇداغا مەنسۇپ بولىدۇ. ماللار قۇربانلىق سۈپىتىدە ئىبادەتخانىغا ئېلىپ كېلىنىدۇ. تۇنجى ئوغۇل بەدىلىگە قوي قۇربانلىق قىلىنىدۇ.



 

11

يېرۇسالېمغا ئولتۇراقلاشقۇچىلار

1خەلق يېتەكچىلىرى مۇقەددەس شەھەر يېرۇسالېمدا ئولتۇراقلاشتى، قالغانلار ھەر ئون ئائىلىدىن بىرى يېرۇسالېمدا تۇرۇشقا چەك تاشلاشتى. چەك چىقمىغانلىرى ئۆز يۇرتلىرىدا قېپقېلىشتى.
2خەلق يېرۇسالېمدا تۇرۇشقا رازى بولغانلارغا بەخت-سائادەت تىلىدى.

3بۇ يېرۇسالېمدا ئولتۇراقلاشقان يەھۇدىيە ئۆلكىسىنىڭ باشلىقلىرىنىڭ ئىسىملىكى: (قالغان خەلقلەر، روھانىيلار، لاۋىيلار، ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ۋە سۇلايمان پادىشاھ خىزمەتكارلىرىنىڭ ئەۋلادلىرى يەھۇدىيەدىكى باشقا جايلار _ ئۆز ماكانلىرىغا ئولتۇراقلاشتى.
4يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىسىدىن بەزىلەر يېرۇسالېمغا ئولتۇراقلاشتى.)


يەھۇدا قەبىلە باشلىقلىرىدىن:

ئاتايا ئۇززىيانىڭ ئوغلى، ئۇززىيا زىكىرىيانىڭ ئوغلى، زىكىرىيا ئاماريانىڭ ئوغلى، ئاماريا شىفاتيانىڭ ئوغلى، شىفاتيا ماھالالئېلنىڭ ئوغلى، ماھالالئېل پارەزنىڭ ئەۋلادى ئىدى.

5مائاسېيا بارۇكنىڭ ئوغلى، بارۇك كولخوزەنىڭ ئوغلى، كولخوزە خازايانىڭ ئوغلى، خازايا ئادايانىڭ ئوغلى، ئادايا يويارىبنىڭ ئوغلى، يويارىب زىكىرىيانىڭ ئوغلى، زىكىرىيا شېلاھنىڭ ئەۋلادى ئىدى.

6پارەزنىڭ يېرۇسالېمدا ئولتۇراقلاشقان ئەۋلادلىرىدىن جەمئىي 468 پالۋان بار ئىدى.

7بېنيامىن قەبىلىسىدىن:

ساللۇ مىشۇللامنىڭ ئوغلى، مىشۇللام يوئېدنىڭ ئوغلى، يوئېد پىدايانىڭ ئوغلى، پىدايا قولايانىڭ ئوغلى، قولايا مائاسېيانىڭ ئوغلى، مائاسېيا ئىتىئېلنىڭ ئوغلى، ئىتىئېل يىشايانىڭ ئەۋلادى ئىدى.

8ئۇنىڭدىن باشقا گابباي ۋە ساللاي بولۇپ، جەمئىي 928 كىشى بار ئىدى.

9زىكرىنىڭ ئوغلى يوئېل ئۇلارنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئىدى. ھاسسىنۇئانىڭ ئوغلى يەھۇدا بولسا بۇ شەھەرنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىدى.

10روھانىيلاردىن:

يويارىبنىڭ ئوغلى يىدايا، ياكىن
11ۋە سىرايا، سىرايا خىلقىيانىڭ ئوغلى، خىلقىيا مىشۇللامنىڭ ئوغلى، مىشۇللام زادوقنىڭ ئوغلى، زادوق مىرايوتنىڭ ئوغلى، مىرايوت ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى ئىدى، ئاخىتۇب بولسا ئىبادەتخانىنىڭ باشقۇرغۇچىسى بولغانىدى.
12ئۇلارنىڭ ئىبادەتخانىدا خىزمەت قىلىدىغان خىزمەتداش روھانىيلىرىدىن جەمئىي 822 كىشى بار ئىدى.

ئادايا يىروخامنىڭ ئوغلى، يىروخام پىلاليانىڭ ئوغلى، پىلاليا ئامزىنىڭ ئوغلى، ئامزى زىكىرىيانىڭ ئوغلى، زىكىرىيا پاشخۇرنىڭ ئوغلى، پاشخۇر مالكىيانىڭ ئوغلى ئىدى.
13ئادايانىڭ خىزمەتداشلىرىدىن جەمئىي 242 جەمەت باشلىقى بار ئىدى.

ئاماشساي ئازارئېلنىڭ ئوغلى، ئازارئېل ئاخزاينىڭ ئوغلى، ئاخزاي مىشىللېموتنىڭ ئوغلى، مىشىللېموت ئىممېرنىڭ ئوغلى ئىدى.
14ئاماشساينىڭ خىزمەتداشلىرىدىن 128 پالۋان بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ باشقۇرغۇچىسى ھاگىدولىمنىڭ ئوغلى زابدىئېل ئىدى.

15لاۋىيلاردىن:

شىمايا خاششۇبنىڭ ئوغلى، خاششۇب ئازرىقامنىڭ ئوغلى، ئازرىقام خاشابيانىڭ ئوغلى، خاشابيا بۇننىنىڭ ئوغلى ئىدى.

16لاۋىيلار يېتەكچىلىرىدىن شاببىتاي ۋە يوزاباد ئىبادەتخانىنىڭ تاشقى ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىدى.
17ماتتانيا مىكانىڭ ئوغلى، مىكا زابدىنىڭ ئوغلى، زابدى بولسا ئاسافنىڭ ئەۋلادى ئىدى. ئۇ ئىبادەتخانىدا تەشەككۈر ئېيتىش ۋە دۇئا قىلىشقا يىتەكچىلىك قىلاتتى. باقبۇقيا ماتتانيانىڭ ياردەمچىسى ئىدى.

ئابدا شاممۇۋانىڭ ئوغلى، شاممۇۋا گالالنىڭ ئوغلى، گالال يىدۇتۇننىڭ ئوغلى ئىدى.
18مۇقەددەس شەھەر يېرۇسالېمغا ئولتۇراقلاشقان لاۋىيلار جەمئىي 284 كىشى ئىدى.

19ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرىدىن:

ئاققۇب، تالمون ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەتداشلىرى بولۇپ، جەمئىي 172 كىشى ئىدى.

20قالغان ئىسرائىللار، روھانىيلار ۋە لاۋىيلار يەھۇدىيەنىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئۆزى ۋارىسلىق قىلىدىغان ماكانلارغا ئولتۇراقلاشتى.
21لېكىن ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى يېرۇسالېمدىكى ئوفەل ئېگىزلىكىگە ئولتۇراقلاشتى. ئۇلار زىخا بىلەن گىشپانىڭ قول ئاستىدا ئىشلەيتتى.

22ئۇززى يېرۇسالېمغا ئولتۇراقلاشقان لاۋىيلارنىڭ باشلىقى بولۇپ، ئۇ بانىنىڭ ئوغلى، بانى خاشابيانىڭ ئوغلى، خاشابيا ماتتانيانىڭ ئوغلى، ماتتانيا مىكانىڭ ئوغلى، مىكا بولسا ئاسافنىڭ ئەۋلادىدىن ئىدى. ئاسافنىڭ ئەۋلادلىرى ئىبادەتخانىنىڭ مۇناجاتچىلىرىغا مەسئۇل ئىدى.
23بۇ مۇناجاتچىلار پادىشاھنىڭ بۇيرۇقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە كۈندىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەيتتى.

24زەراخنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بىرى بولغان پىتاخيا مىشېزابئېلنىڭ ئوغلى بولۇپ، يەھۇدا قەبىلىسىگە مەنسۇپ ئىدى. ئۇ پېرسىيە پادىشاھىنىڭ خەلق ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ئىدى.

باشقا يەرلەردە تۇرغۇچىلار

25يەھۇدىيەنىڭ يېزىلىرى بىلەن ئەتراپىدىكى تېرىلغۇ جايلىرىغا كەلسەك، يەھۇدا قەبىلىسىدىكى بەزىلەر قىريات-ئاربا، دىبون ۋە يىقابزىئېل ھەم ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارغا ئولتۇراقلاشتى.
26بەزىلىرى يېشۇۋا، مولادا، بەيت-پەلەت،
27خازار-شۇئال ۋە بەئەرشەبا ھەم ئۇنىڭ يېزىلىرىغا،
28زىقلاق ۋە مىكونا ھەم مىكونانىڭ يېزىلىرىغا،
29ئېنرىممون، زورئاھ ھەم يارمۇت،
30زانوۋاخ ۋە ئادۇللام ھەم ئۇلارنىڭ يېزىلىرىغا، لاكىش ھەم ئۇنىڭ تېرىلغۇ جايلىرىغا ۋە ئازېقا ھەم ئۇنىڭ يېزىلىرىغا ئولتۇراقلاشتى. دېمەك، يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر بەئەرشەبادىن ھىننوم جىلغىسىغىچە بولغان جايلارغا ئولتۇراقلاشتى.

31بېنيامىن قەبىلىسىدىكىلەر گەبا، مىكماس، ئايياھ ۋە بەيتەل ھەم ئۇنىڭ يېزىلىرىغا،
32ئاناتوت، نوب، ئانانيا،
33خازور، راماھ، گىتتايىم،
34خادىد، زىبوئىم، نىباللات،
35لود، ئونو ۋە ھۈنەرۋەنلەر جىلغىسىغا ئولتۇراقلاشتى.
36يەھۇدىيەدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان بەزى لاۋىيلارنىڭ بېنيامىن قەبىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە تۇرۇشى بەلگىلەندى.


12

روھانىيلار بىلەن لاۋىيلارنىڭ تىزىملىكى

1شىئالتېلنىڭ ئوغلى زىرۇببابەل ۋە باش روھانىي يېشۇۋا بىلەن بىللە سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەن روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنىڭ تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە:

روھانىيلاردىن:

سىرايا، يەرەمىيا، ئەزرا،

2ئاماريا، ماللۇك، خاتتۇش،

3شىكانيا، رىخۇم، مىرېموت،

4ئىددو، گىننېتوي، ئابىيا،

5مىيامىن، مائاديا، بىلگاھ،

6شىمايا، يويارىب، يىدايا،

7ساللۇ، ئاموق، خىلقىيا ۋە يىدايالار ئىدى.

مانا بۇلار يېشۇۋا دەۋرىدىكى روھانىيلارنىڭ باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەتداشلىرى ئىدى.

8لاۋىيلاردىن:

يېشۇۋا، بىننۇي، قادمىئېل، شېرېبىيا، يەھۇدا ۋە ماتتانيالار ئىدى. ماتتانيا خىزمەتداشلىرى بىلەن تەشەككۈر ناخشىلىرى ئېيتىشقا مەسئۇل ئىدى.
9ئۇلارنىڭ خىزمەتداشلىرى باقبۇقيا ۋە ئۇننى ئىبادەتتە ئۇلارنىڭ ئۇدۇلىدا تۇراتتى.

باش روھانىي يېشۇۋانىڭ ئەۋلادلىرى

10باش روھانىي يېشۇۋا يوياقىمنىڭ ئاتىسى، يوياقىم ئەلياشىبنىڭ ئاتىسى، ئەلياشىب يويادانىڭ ئاتىسى ئىدى.
11يويادا يوناتاننىڭ ئاتىسى، يوناتان ياددۇئانىڭ ئاتىسى ئىدى.

روھانىيلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى

12يوياقىم باش روھانىيلىق ۋەزىپە ئۆتۈۋاتقان مەزگىلدە، روھانىيلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى تۆۋەندىكىچە بولغان:

سىرايا جەمەتىدىن مىرايا

يەرەمىيا جەمەتىدىن ھانانيا

13ئەزرا جەمەتىدىن مىشۇللام

ئاماريا جەمەتىدىن يىھوخانان

14ماللۇكى جەمەتىدىن يوناتان

شىبانيا جەمەتىدىن يۈسۈپ

15خارىم جەمەتىدىن ئادنا

مىرايوت جەمەتىدىن خەلقاي

16ئىددو جەمەتىدىن زىكىرىيا

گىننىتون جەمەتىدىن مىشۇللام

17ئابىيا جەمەتىدىن زىكرى

مىنيامىن جەمەتىدىن بىر باشلىق بولغان*

موئاديا جەمەتىدىن پىلتاي

18بىلگاھ جەمەتىدىن شاممۇۋا

شىمايا جەمەتىدىن يىھوناتان

19يويارىب جەمەتىدىن ماتتىناي

يىدايا جەمەتىدىن ئۇززى

20ساللاي جەمەتىدىن قاللاي

ئاموق جەمەتىدىن ئېبەر

21خىلقىيا جەمەتىدىن خاشابيا

يىدايا جەمەتىدىن نىتانئېل

روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنىڭ جەمەت تەزكىرىسى

22ئەلياشىب، يويادا، يوخانان ۋە ياددۇئالار باش روھانىي بولغان مەزگىلدە لاۋىيلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى رويخەتكە ئېلىنغان. پېرسىيە پادىشاھى دارىئوس ھاكىمىيەت تۇتقان مەزگىلدە روھانىيلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى رويخەتكە ئېلىنغان.
23لېكىن ئىبادەتخانا تەزكىرىسىدە رويخەتكە ئېلىنغان لاۋىيلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى پەقەت ئەلياشىبنىڭ نەۋرىسى يوخاناننىڭ دەۋرىگىچىلا ئىدى.

لاۋىيلارنىڭ خىزمەت تەقسىماتى

24لاۋىيلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرىدىن خاشابيا، شېرېبىيا، يېشۇۋا، بىننۇي ۋە قادمىئېللار بولۇپ، ئۇلار باشقا خىزمەتداشلار بىلەن بىللە ئىبادەتلەردە خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى داۋۇت پادىشاھنىڭ يوليورۇقى بويىچە بىر-بىرىگە روبىرو تۇرۇشۇپ، مەدھىيە ئېيتىشىشلىرىنى ئېيتىشىپ، مىننەتدارلىق بىلدۈرەتتى.
25ئىبادەتخانا دەرۋازىسىنىڭ يېنىدىكى ئامبارلارنى ساقلايدىغان دەرۋازىۋەنلەر ماتتانيا، باقبۇقيا، ئوبادىيا، مىشۇللام، تالمون ۋە ئاققۇبلار ئىدى.
26مانا بۇ كىشىلەر يوزاداقنىڭ نەۋرىسى يېشۇۋانىڭ ئوغلى باش روھانىي يوياقىمنىڭ مەزگىلىدە، شۇنداقلا يەھۇدىيەنىڭ باشلىقى نەخەمىيانىڭ ۋە روھانىي ھەم تەۋرات ئۇستازى ئەزرانىڭ زامانىدا ياشىغانىدى.

شەھەر سېپىللىرىنىڭ خۇداغا بېغىشلىنىشى

27يېرۇسالېم شەھىرىنىڭ سېپىللىرى خۇداغا بېغىشلىنىدىغان چاغدا، لاۋىيلار تۇرغان جايلىرىدىن بېغىشلاش مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا يېرۇسالېمغا تەكلىپ قىلىندى. ئۇلار مۇراسىمنى شاد-خۇراملىق ئىچىدە مىننەتدارلىق بىلەن جاڭ، چىلتار ۋە لىرالارنى چېلىپ، نەغمە قىلىپ، ناخشا ئېيتىشىپ تەبرىكلىدى.
28مۇناجاتچىلار يېرۇسالېم ئەتراپىدىكى جايلاردىن، جۈملىدىن نىتوفانىڭ يېزىلىرىدىن،
29بەيت-گىلگالدىن، گەبا ۋە ئازماۋەت قاتارلىق جايلاردىن كېلىپ يىغىلدى. چۈنكى مۇناجاتچىلار ئۆزلىرى ئۈچۈن يېرۇسالېم ئەتراپىدىكى يېزىلارنى قۇرۇپ چىققانىدى.
30روھانىيلار بىلەن لاۋىيلار ئۆزلىرىنى پاكلاپ، ئاندىن جامائەتنى پاكلىدى. كېيىن ئۇلار شەھەر دەرۋازىلىرى بىلەن سېپىللىرىنىمۇ پاكلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

31مەن يەھۇدىيە ئەمەلدارلىرىنى سېپىل ئۈستىگە يىغىپ، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە ئىككى چوڭ خور ئۆمەكنى بەلگىلىدىم. بىرى جەنۇبىي يۆنۈلۈشتىكى سېپىل ئۈستىدە قىغ دەرۋازىسىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.
32ھوشايا ۋە يەھۇدىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ يېرىمى مۇناجاتچىلارنىڭ كەينىدىن يۈرۈش قىلدى.
33يەنە ئازاريا، ئەزرا، مىشۇللام،
34يەھۇدا، بىنيامىن، شىمايا ۋە يەرەمىيالارمۇ ئەگىشىپ ماڭدى.
35ئاندىن بەزى روھانىيلار كاناي چېلىپ، ئاساف ئەۋلادىدىن زىكىرىيا بىلەن ماڭدى. زىكىرىيا يوناتاننىڭ ئوغلى، يوناتان شىمايانىڭ ئوغلى، شىمايا ماتتانيانىڭ ئوغلى، ماتتانيا مىكايانىڭ ئوغلى، مىكايا زاككۇرنىڭ ئوغلى، زاككۇر بولسا ئاساف ئەۋلادىدىن ئىدى.
36ئۇلارنىڭ كەينىدىن زىكىرىيانىڭ خىزمەتداشلىرى ماڭدى. ئۇلار شىمايا، ئازارئېل، مىلالاي، گىلالاي، مائاي، نىتانئېل، يەھۇدا ۋە خانانىلار بولۇپ، خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى داۋۇت پادىشاھنىڭ مۇزىكا ئەسۋابلىرىغا ئوخشاش ئەسۋابلارنى چېلىپ ماڭدى. بۇ توپقا تەۋرات ئۇستازى ئەزرا يېتەكچىلىك قىلغانىدى.
37ئۇلار بۇلاق دەرۋازىسىغا كەلگەندە، پەلەمپەيلەردىن چىقىپ، «داۋۇت شەھىرى»نىڭ ئەتراپىدىكى سېپىلنىڭ ئەڭ ئۈستىگە يېتىپ كەلدى. ئاندىن ئۇلار داۋۇت پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىن ئۆتۈپ، شەرقتىكى بۇلاق دەرۋازىسىغا كەلدى.

38ئىككىنچى خور ئۆمەك مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىش ئۈچۈن باشقا يولنى چۆرىدەپ شىمالغا يۈرۈپ كەتتى. مەن ۋە جامائەتنىڭ قالغان يېرىمى ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدۇق. ئۇلار سېپىل ئۈستىنى بويلاپ، تونۇرلار مۇنارىدىن ئۆتۈپ، كەڭ سېپىلگە يەتتى.
39ئاندىن ئۇلار ئەفرايىم دەرۋازىسىدىن ئۆتۈپ، كونا شەھەر دەرۋازىسىغا كەلدى. ئۇلار بېلىق دەرۋازىسى ۋە خانانئېل مۇنارىدىن ئۆتۈپ يۈز مۇنارىغا كەلدى. ئۇلار يەنە قوي دەرۋازىسىغا قاراپ داۋاملىق مېڭىپ، قاراۋۇل دەرۋازىسىدا توختىدى.

40مننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈۋاتقان ئىككى خور ئۆمەك ئىبادەتخانىغا يېتىپ كېلىپ، ئۇ يەردىن ئورۇن ئالدى. مەنمۇ بىللە كەلگەن بىر توپ ئەمەلدارلار بىلەن ئۇ يەردىن ئورۇن ئالدىم.
41بىزنىڭ يېنىمىزدىن ئورۇن ئالغانلار كاناي چالغۇچى روھانىيلار بولۇپ، ئۇلار ئەلياقىم، مائاسېيا، مىنيامىن، مىكايا، ئەليوئېناي، زىكىرىيا ۋە خانانيالار ئىدى.
42ئۇ يەردە يەنە مائاسېيا، شىمايا، ئەلئازار، ئۇززى، يىھوخانان، مالكىيا ۋە ئېزېرلەر بار ئىدى. مۇناجاتچىلار يىزراخيانىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۈنلۈك ناخشا ئېيتتى.
43جامائەت ئۇ كۈنى نۇرغۇن قۇربانلىقلارنى قىلدى ھەمدە شاد-خۇراملىققا چۆمدى. چۈنكى خۇدا ئۇلارغا زور خۇشاللىق ئاتا قىلغانىدى. ئاياللار ۋە بالىلارمۇ خۇشاللىققا چۆمگەنىدى. يېرۇسالېمدىكى شاد-خۇراملىق يىراق جايلارغا ئاڭلىناتتى.

ئىبادەتخانىنىڭ تەمىناتى

44ئۇ كۈنى بەزى ئەرلەر ھەدىيەلەر، تۇنجى ئالغان ھوسۇل ۋە مەھسۇلاتلارنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشى ساقلىنىدىغان ئىبادەتخانا ئامبارلىرىنى باشقۇرۇشقا تەيىنلەندى. ئۇلار روھانىيلار ۋە لاۋىيلار ئۈچۈن تەۋرات قانۇنىدا بەلگىلەنگەن بويىچە شەھەر سىرتىدىكى ئېتىزلاردىن ئۈلۈشنى يىغىۋېلىشقا مەسئۇل بولدى. يەھۇدىيەدىكى بارلىق خەلق روھانىيلار ۋە لاۋىيلار ھەم ئۇلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىدىن خۇرسەن بولدى.
45چۈنكى ئۇلار پاكلاش مۇراسىمىدا خۇدانىڭ خىزمىتىنى ئۆتەپ كەلگەنىدى. مۇناجاتچىلار ۋە دەرۋازىۋەنلەرمۇ داۋۇت پادىشاھ ئوغلى سۇلايمانغا بۇيرۇغىنىدەك ئۆز خىزمەتلىرىنى قىلىشتى.
46بۇرۇن ئاساف ياشىغان داۋۇت پادىشاھ زامانىسىدا ئىبادەتخانا مۇناجاتچىلىرىنىڭ يېتەكچىلىرى بولۇش ھەمدە مەدھىيە ناخشىلىرى ۋە خۇداغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ناخشىلىرىنىڭ بولۇشى ئادەت بولغانىدى.
47ئەمدى بولسا، زىرۇببابەل ۋە نەخەمىيا زامانىسىدا بارلىق ئىسرائىللار مۇناجاتچىلارغا، دەرۋازىۋەنلەرگە ۋە باشقا لاۋىيلارغا كۈندىلىك ئوزۇقلۇقنى تەمىنلەپ بەردى. لاۋىيلار بولسا روھانىيلارغا تاپقىنىنىڭ ئۈلۈشىنى بەردى.



*17 ئەسلىدىكى ئىبرانىي قوليازمىلىرىدا بۇ يەردىكى ئىسىم چۈشۈپ قالغان.



 

13

نەخەمىيانىڭ ئىسلاھاتى

1ئۇ كۈندە مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن تەۋراتتىكى يازمىلار جامائەتكە ئوقۇلدى. ئۇنىڭدا: «ئاممونلار ۋە موئابلارنىڭ ئىبادەتكە قاتنىشىشىغا قەتئىي رۇخسەت يوق» دېيىلگەن بۆلەك بايقالدى.
2چۈنكى بۇرۇن ئۇلار ئىسرائىللار مىسىردىن چىققان ۋاقىتتا ئۇلارنى ئوزۇق-تۈلۈك ۋە سۇ بىلەن تەمىنلىمەي، ئەكسىچە ئىسرائىللارغا لەنەت ئوقۇش ئۈچۈن بىلئامنى ياللىغانىدى، ئەمما خۇدايىمىز بۇ لەنەتنى بەختكە ئايلاندۇرغانىدى.
3جامائەت تەۋرات قانۇنىنى ئاڭلىغان ھامان، ئارىلاشما ئىرقلارنى جامائەت ئارىسىدىن چىقىرىۋەتتى.

4بۇنىڭدىن بۇرۇن روھانىي ئەلياشىب ئىبادەتخانىنىڭ ئامبارلىرىنى باشقۇرۇشقا تەيىنلەنگەنىدى. ئۇنىڭ ئاممونلاردىن بولغان توبىيا بىلەن تۇغقانچىلىقى بار ئىدى.
5ئۇ بۇرۇن ئاشلىق ھەدىيەلىرى، خۇشبۇي بۇيۇملار، ئىبادەتخانا سايمانلىرى ۋە ئاشلىق، شاراب ھەم زەيتۇن يېغىنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشى قويۇلغان بىر ئېغىز يوغان ئۆينى توبىياغا تەييارلاپ بەرگەنىدى. بۇ نەرسىلەر ئەمر بويىچە مۇناجاتچىلار، دەرۋازىۋەنلەر ۋە باشقا لاۋىيلارغا بېرىلىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بەزى ئۈلۈشلىرى روھانىيلارغا بېرىلەتتى.

6بۇ ئىشلار يۈز بەرگەندە، مەن يېرۇسالېمدا ئەمەس ئىدىم. بابىل پادىشاھى ئارتاخشاستىنىڭ 32-يىلى مەن پادىشاھنىڭ يېنىغا باردىم. كېيىن مەن قايتىش ئۈچۈن ئۇنىڭ رۇخسىتىنى سورىدىم.
7مەن يېرۇسالېمغا يېتىپ كەلگەندە، ئەلياشىبنىڭ توبىياغا ئىبادەتخانا ھويلىسىدىن بىر ئېغىز ئۆينى ئاجرىتىپ بەرگەن رەزىللىكىنى بايقىدىم.
8مەن بەك ئاچچىقلىنىپ، توبىيانىڭ بارلىق بىساتىنى ئۇ ئۆيدىن ئاچىقىپ تاشلىدىم.
9مەن روھانىيلارغا بۇ ئۆيلەرنى مۇراسىم بويىچە پاكلاشنى ھەمدە ئىبادەتخانا سايمانلىرى، سۇنۇلغان ئاشلىق ھەدىيەلىرى ۋە خۇشبۇي بۇيۇملارنى ئۇ ئۆيگە قايتۇرۇپ ئەكىرىشنى بۇيرۇدۇم.

10مەن يەنە لاۋىيلارنىڭ كۈندىلىك تەمىنات ئوزۇقلۇقىنى بەرمىگەنلىكىنى بايقىدىم. شۇڭا خۇدانىڭ خىزمىتىدە بولىدىغان مۇناجاتچىلار بىلەن باشقا لاۋىيلار ئېتىزلىرىغا ئىشلەشكە كەتكەنىدى.
11شۇنىڭ بىلەن مەن ئەمەلدارلارنى ئەيىبلەپ:

_ نېمە ئۈچۈن ئىبادەتخانا خىزمىتى نەزىرىڭلاردىن تاشلىنىپ قالدى؟ _ دېدىم.

مەن يەنە مۇناجاتچىلار ۋە باشقا لاۋىيلارنى چاقىرىپ، ئۆزىگە تېگىشلىك خىزمەتلىرىنى قايتىدىن قىلدۇردۇم.
12يەھۇدىيەدىكى بارلىق خەلق يەنە بىر قېتىم ئاشلىق، شاراب ھەم زەيتۇن يېغىنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ئىبادەتخانا ئامبارلىرىغا ئېلىپ كېلىشكە باشلىدى.
13مەن روھانىي شەلەميا، پۈتۈكچى زادوق ۋە لاۋىيلاردىن بولغان پىدايانى ئامبارلارغا مەسئۇل قىلدىم. مەن يەنە ماتتانيانىڭ نەۋرىسى ھەم زاككۇرنىڭ ئوغلى خاناننى ئۇلارغا ياردەمچى قىلدىم. بۇلار ئىشەنچلىك ئادەملەر بولۇپ، خىزمەتداشلىرى لاۋىيلارغا ئادىللىق بىلەن تەقسىم قىلىشقا مەسئۇل ئىدى.


14ئى خۇدا، بۇ ياخشى ئىشنى سەمىڭدە تۇتقايسەن ھەمدە ساداقەتمەنلىك بىلەن ئىبادەتخانىغا ۋە ئۇنىڭ خىزمەتلىرىگە قىلغانلىرىمنى ئۇنتۇپ قالمىغايسەن!


15ئۇ كۈنلەردە مەن بەزى يەھۇدىيلارنىڭ دەم ئېلىش كۈنىدە ئۈزۈم يانجىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئادەملەرنىڭ يەنە ئاشلىق ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئېشەكلىرىگە ئارتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلار دەم ئېلىش كۈنىدە ئۈزۈم، ئەنجۈر، شاراب ۋە ھەر خىل مەھسۇلاتلارنى يېرۇسالېمغا ئېلىپ كېلىۋاتاتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارنى بۇ كۈندە مەھسۇلاتلىرىنى ساتماسلىققا ئاگاھلاندۇردۇم.
16يېرۇسالېمدا تۇرغان تىر شەھىرىدىن كەلگەنلەر بېلىق ۋە ھەر خىل تاۋارلارنى ئېلىپ كېلىپ دەم ئېلىش كۈنىدە يەھۇدىيەدىكىلەرگە سېتىۋاتاتتى، ھەتتا يېرۇسالېمدىمۇ شۇنداق قىلىۋاتاتتى.

17شۇنىڭ بىلەن مەن يەھۇدىيلارنىڭ جامائەت ئەربابلىرىنى ئەيىبلەپ، مۇنداق دېدىم:

_ نېمە ئۈچۈن بۇنداق رەزىللىك بىلەن دەم ئېلىش كۈنىنى بۇلغايسىلەر؟
18ئەجدادلىرىڭلار شۇنداق قىلمىغانمىدى؟ شۇنىڭ بىلەن خۇدايىمىز بۇ بالايىئاپەتنى بىزگە ۋە بۇ شەھەرگە ياغدۇرغانىدى. ھازىر سىلەر دەم ئېلىش كۈنىنى بۇلغاش ئارقىلىق ئىسرائىللارغا قارشى تېخىمۇ زور غەزەپنى قوزغاۋاتىسىلەر!

19شۇنىڭ بىلەن مەن دەرۋازىلارنى دەم ئېلىش كۈنىدىن ئاۋۋال، كۈن پاتقاندا تاقاشنى ۋە دەم ئېلىش كۈنى ئۆتۈپ كەتمۈگىچە ئاچماسلىقنى بۇيرۇدۇم. مەن دەم ئېلىش كۈنىدە ھەرقانداق يۈك كىرمىسۇن، دەپ خىزمەتكارلىرىمنى دەرۋازىلارغا قويدۇم.
20ھەر خىل تاۋارلارنى ئەكەلگەن سودىگەرلەر ۋە سېتىقچىلار بىر ياكى ئىككى قېتىم يېرۇسالېمنىڭ سىرتىدا كېچىنى ئۆتكۈزدى.
21شۇنىڭ بىلەن مەن:

_ نېمە ئۈچۈن كېچىنى سېپىل سىرتىدا ئۆتكۈزىسىلەر؟ ئەگەر يەنە شۇنداق قىلساڭلار، ئەدىپىڭلارنى بېرىمەن! _ دەپ ئاگاھلاندۇردۇم.

شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار دەم ئېلىش كۈنىدە قايتا كەلمىدى.
22ئاندىن مەن دەم ئېلىش كۈنىنىڭ مۇقەددەسلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن، لاۋىيلارنىڭ ئۆزلىرىنى پاكلاپ دەرۋازىلارغا قاراۋۇللۇق قىلىشىنى بۇيرۇدۇم.


ئى خۇدايىم، بۇنىڭ ئۈچۈن مېنى سەمىڭدە تۇتقايسەن ھەمدە يۈكسەك مەڭگۈلۈك مېھىر-مۇھەببىتىڭ بىلەن ماڭا رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەيسەن!


23شۇ كۈنلەردە مەن ئاشدود، ئاممون ۋە موئابلاردىن ئۆيلەنگەن بەزى يەھۇدىيلارنى كۆردۈم.
24تېخىمۇ يامىنى، ئۇلارنىڭ بالىلىرىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ئۆز يەھۇدىي تىلىمىزنى بىلمەي، پەقەت ئاشدودلۇق ياكى باشقا خەلقلەرنىڭ تىلىنىلا سۆزلىيەلەتتى.
25شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارنى ئەيىبلەپ، ئۇلارغا لەنەت يېغىشىنى تىلىدىم. بەزىلىرىنى ئۇرۇپ، چېچىنى يۇلدۇم. مەن ئۇلارنى بالىلىرىنىڭ يەرلىكلەر بىلەن توي قىلىشىغا يول قويماسلىقى ئۈچۈن خۇدا ئالدىدا قەسەم ئىچكۈزدۈم.
26مەن ئۇلارغا مۇنداق دېدىم:

_ بۇ، ئىسرائىلىيەنىڭ سۇلايمان پادىشاھىنىڭ گۇناھ ئۆتكۈزۈشكە ئازدۇرۇلغىنىدەك بىر ئىش ئەمەسمۇ؟ ھەرقانداق مىللەتتىن ئۇنىڭغا سېلىشتۇرغۇدەك پادىشاھ بولمىغان، خۇدا ئۇنىڭغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ، ئۇنى ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى قىلىپ تىكلىگەن. بىراق شۇنداق بولسىمۇ ئۇ يات مىللەتلەردىن بولغان ئاياللارنىڭ ئازدۇرۇشى بىلەن گۇناھ ئۆتكۈزگەن.
27ئەمدى سىلەر قانداقلارچە باشقا مىللەتلەردىن ئۆيلىنىپ، گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، خۇداغا ساداقەتسىزلىك قىلىشنى ئويلاشقا جۈرئەت قىلالىدىڭلار؟!

28باش روھانىي ئەلياشىبنىڭ ئوغلى يويادانىڭ بىر ئوغلى خورونلۇقلاردىن بولغان سانباللاتنىڭ قىزىنى ئالغان، شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنى جامائەت ئالدىدا قوغلاپ چىقاردىم.


29ئى خۇدايىم، بۇ ئادەملەرنى ھەمدە ئۇلارنىڭ روھانىيلىقىنى ۋە سېنىڭ روھانىيلار ھەم لاۋىيلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەڭنى بۇلغىغىنىنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن!


30شۇنىڭ بىلەن مەن خەلقنى ھەرقانداق يات خەلقلەردىن يۇققان يامان تەسىرلەردىن پاكلىدىم. مەن روھانىيلارغا ۋە لاۋىيلارغا ۋەزىپە بېكىتىپ، ھەربىر ئادەمگە ئۆز خىزمىتىنى بەردىم.
31مەن يەنە بەلگىلىك ۋاقىتتا ئوتۇنلارنىڭ ھەمدە تۇنجى پىشقان مېۋىلەرنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىغا ئېلىپ كېلىنىشىنى ئورۇنلاشتۇردۇم.


ئى خۇدا، مېنى سەمىڭدە تۇتقايسەن، ماڭا مېھرىبانلىق قىلغايسەن!