«ھېكمەتلەر»

قىسقىچە چۈشەندۈرۈش

«ھېكمەتلەر» دەپ ئاتالغان بۇ قىسىمدا ھېكمەت ئىگىسى دۇنيادا يۈز بەرگەن ئىشلارنى ۋە ئىنساننىڭ ھاياتىنى ئىنچىكە كۆزىتىش ئارقىلىق قۇياش ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا ياشاۋاتقان ئادەمنىڭ ئاددىي ھاياتى بىلەن خۇدادىن ئەيمەنگۈچىنىڭ ھاياتىنى سېلىشتۇرىدۇ.

 لېكىن ھېكمەت ئىگىسى ھەممە نەرسىنى خۇدانىڭ ئاتا قىلغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. خۇدانىڭ ئىلتىپاتسىز ھاياتتا ھېچ نېمىگە ئېرىشكىلى بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ. ئۇ ئاخىرىدا ھاياتتىن خۇلاسە چىقىرپ، ئىنسانلارنىڭ ياش ۋاقتىدىن باشلاپلا ياراتقۇچىسى بولغان خۇدانى ھەر دائىم ئېسىدە تۇتۇشىنى، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىپ، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىشىنى تەكىتلەيدۇ.

«ھېكمەتلەر»نى يېزىپ قالدۇرغان ھېكمەت ئىگىسىنىڭ كىم ئىكەنلىكى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق، لېكىن قەدىمقى يازمىلاردىكى بايانلارغا ئاساسلانغاندا «ھېكمەتلەر»نى داۋۇت پادىشاھنىڭ ئوغلى سۇلايمان يازغان بولۇشى مۇمكىن.


تېزىس:

1. قىسقىچە مەزمۇنى (1-باب 1-ئايەتتىن 11-ئايەتكىچە)

2. ھېكمەت ئىگىسىنىڭ ھاياتنى چوڭقۇر كۆزىتىشى (1-باب 12-ئايەتتىن 2-باب 26-ئايەتكىچە)

3. ھېكمەت ئىگىسىنىڭ نەسىھەتى (3-باب 1-ئايەتتىن 11-باب 6-ئايەتكىچە)

4. نەسىھەتنىڭ خۇلاسىسى (11-باب 7-ئايەتتىن 12-باب 8-ئايەتكىچە)

5. خۇلاسە (12-باب 9-ئايەتتىن 14-ئايەتكىچە)