«ھېكمەتلەر»


1

1بۇ ھېكمەتلەر داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بىرى بولغان يېرۇسالېم پادىشاھىنىڭ، يەنى ھېكمەت ئىگىسىنىڭ دۇردانە سۆزلىرىدۇر.

2«بىھۇدىدۇر، بىھۇدىدۇر، ھەممىسى بىھۇدىدۇر» دەيدۇ ھېكمەت ئىگىسى.

مەۋجۇدات ئۆزگەرمەستۇر

3ئىنسان قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا قىلغان جاپالىق ئىشلىرىدىن ئۆزىگە نېمە پايدا تاپار؟

4ئەۋلاد كېلەر، ئەۋلاد كېتەر، پەقەت بۇ دۇنيالا قالار.

5قۇياش چىقىپ يەنە پاتار، چىققان ماكانىغا يەنە قايتىشقا ئالدىرار.

6شىمالدىن چىققان شامال جەنۇبقا كېتەر، ئۇ يەنە جەنۇبتىن شىمالغا كېتەر،

تەكرار-تەكرار ئايلىنىپ، ئۇ شۇ تەرىقىدە دەۋر قىلار.

7دەريالار ئاقار دېڭىزغا، لېكىن دېڭىز توشماس ئەسلا.

دەريالار ئايلىنىپ ئاخىر قايتار ئۆز ماكانىغا.

8ھەممە ئىش ئىنساننى چارچىتار، بۇنى تەسۋىرلەشكە سۆزلەر ئاجىزلىق قىلار.

ئىنساننىڭ كۆزلىرى كۆرگەنگە تويماس، قۇلاقلىرى ئاڭلىغانغا قانائەت قىلماس.

9قايتىلىنار بۇرۇنقى ئىشلار، قايتا قىلىنار قىلىنىپ بولغان ئىشلار.

شۇڭا يوقتۇر قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا يېڭىلىقلار.

10ئىنسان قانداق بىر نەرسىنى «قاراڭلار، بۇ يېڭىلىققۇ» دەپ ئېيتالار؟

ئەمەلىيەتتە، ھەممىسى ئەزەلدىنلا مەۋجۇت بولغان ئىشلار،

يەنى بىزدىن بۇرۇن مەۋجۇت بولغان نەرسىلەردۇر.

11ھېچكىم ئەسلىمەس ئۆتمۈشنى، كەلگۈسىدىمۇ كېيىنكىلەر ھېچنېمىنى ئەسلىمەس.

ئەقىل-پاراسەت بىھۇدىدۇر

12ھېكمەت ئىگىسى مەن، يېرۇسالېمدا ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھى ئىدىم. 13ئاسماننىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان پۈتكۈل ئىشلارنى دانالىق بىلەن كۆزىتىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەكشۈردۈم. خۇلاسىلىسەم، خۇدا ئىنسانغا شۇ قەدەر ئېغىر جاپالىق ئىشلارنى يۈكلىگەنىكەن. 14ئىنساننىڭ قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا قىلغان بارلىق ئىشلىرىنىڭ بىھۇدە ئىكەنلىكىنى، خۇددى شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغاندەكلا بىھۇدە ئىكەنلىكىنى كۆردۈم.

15«ئەگرىنى تۈزلىگىلى بولماس، يوق نەرسىنى سانىغىلى بولماس.»

16كۆڭلۈمدە ئۆزۈمگە شۇنداق دېدىم: «مەن دانالىقتا يېرۇسالېمنىڭ مەندىن بۇرۇن ئۆتكەن ھەرقانداق بىر ھۆكۈمرانىدىن ئېشىپ كەتتىم. دانالىق ۋە ئىلىمدە ناھايىتى كۆپ تەجرىبىگە ئېرىشتىم.» 17مەن يەنە كۆڭۈل قويۇپ، دانالىقنى چۈشىنىشكە تىرىشتىم. نادان ۋە ئەخمەقلىقنى چۈشىنىشكە تىرىشتىم. ئاخىرى شۇنى بىلدىمكى، بۇمۇ خۇددى شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغاندەكلا بىھۇدىلىك ئىكەن.

18ئادەم قانچە دانا بولسا، شۇنچە كۆپ بولار ئىكەن ھەسرىتى،

بىلىمى قانچە كۆپ بولسا، شۇنچە كۆپ بولار ئىكەن قايغۇسى.


2

بايلىق ۋە خۇشاللىقنىڭ بىھۇدىلىكى

1كۆڭلۈمدە ئۆزۈمگە: «خۇشاللىقنى سىناپ باقاي، ئۇنىڭ پايدىسى بارمۇ-يوق، بىلىپ باقايچۇ!» دېدىم. بىلدىمكى، بۇمۇ بىھۇدىلىك ئىكەن. 2كۈلۈش پەقەت تەلۋىلىك ئىكەن، ئۇنداق بولسا، خۇشاللىقنىڭ نېمە پايدىسى بار؟ 3چوڭقۇر ئويلانغاندىن كېيىن ئۆزۈمنى شاراب بىلەن خۇش قىلىپ باقماقچى بولدۇم، ئۆزۈمنى نادان تۇتماقچى بولساممۇ، لېكىن قەلبىم مېنى يەنىلا دانالىققا باشلىدى. ئاسماننىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا، ئىنسان قىسقا ھاياتىدا نېمە ئىشلارنى قىلسا پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى بىلمەكچى بولدۇم.

4مەن بۈيۈك ئىشلارنى قىلدىم. ئۆزۈمگە ئۆيلەرنى سالدۇردىم، ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلدىم. 5مەن باغلارنى ياساپ، ئۇلارنىڭ ئىچىگە ھەر خىل مېۋىلىك دەرەخلەرنى تىكتىم. 6سۇ كۆلچەكلىرىنى قازدۇرۇپ، بېغىمدىكى دەل-دەرەخلەرنى سۇغاردىم. 7قۇل-دېدەكلەرنى سېتىۋالدىم، ئۆيۈمدىمۇ قۇللىرىمدىن تۇغۇلغان قۇل-دېدەكلىرىم كۆپ ئىدى. ناھايىتى نۇرغۇن قوي-كالىلىرىم بار بولدى. يېرۇسالېمنىڭ ئىلگىرىكى پادىشاھلىرىدىمۇ بۇنچىلىك كۆپ مال-دۇنيا بولۇپ باقمىغانىدى. 8ھەددى-ھېسابسىز ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى توپلىدىم، پادىشاھ ۋە بەگلىكلەردىن بايلىقلارغا ئىگە بولدۇم. يېنىمغا ئەر-ئايال ناخشىچىلارنى يىغدىم، يەنە، خۇشاللىقىم ئۈچۈن نۇرغۇن توقاللارنى ئالدىم. 9بۈيۈكلۈكتە يېرۇسالېمدا مەندىن بۇرۇن ياشىغان پادىشاھلارنىڭ ھەممىسىدىن ئېشىپ كەتتىم. مەن ھەر دائىم دانالىق بىلەن ئىش قىلدىم. 10كۆزۈم چۈشكەن، كۆڭلۈم خالىغان ھەرقانداق نەرسىگە چەك قويمىدىم. كۆڭلۈم بۇ قىلغانلىرىمدىن خۇشاللىق تاپتى، بۇ مېنىڭ جاپالىق ئىشلەش ئارقىلىق ئېرىشكەنلىرىمنىڭ مۇكاپاتى بولدى. 11ئەمما، كېيىن بىلسەم، ئۆز قولۇم بىلەن ئىشلەپ تارتقان بارلىق جاپالىرىم بىھۇدە ئىكەن، خۇددى شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغاندەكلا بىھۇدىلىك ئىكەن. قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا ئادەم ھېچقانداق پايدا تاپالمايدىكەن.

دانالىقنىڭ بىھۇدىلىكى

12مەن يەنە دانالىق، نادانلىق ۋە ئەخمەقلىق ھەققىدە ئويلاندىم. كېيىنكى پادىشاھلار، بۇرۇنقىلار قىلغان ئىشلارنى تەكرارلاشتىن باشقا يەنە نېمە ئىشلارنى قىلالىشى مۇمكىن؟ 13خۇددى يورۇقلۇق قاراڭغۇلۇقتىن ياخشى بولغىنىدەك، دانالىق نادانلىقتىن ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدىم. 14دانا ئادەمنىڭ كۆزلىرى روشەن بولار، نادان ئادەم قاراڭغۇلۇقتا ماڭار. ئەمما ئۇلارنىڭ قىسمىتى ئوخشاش بولۇپ، ھەممە ئادەم بۇ دۇنيادىن كېتىدۇ. 15كۆڭلۈمدە يەنە شۇنداق دېدىم: «نادان ئادەمنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن، مېنىڭ بېشىمغىمۇ كېلىدىكەن، ئۇنداقتا يەنە دانا بولۇشنىڭ نېمە پايدىسى بار؟» كۆڭلۈمدە يەنە: «بۇ بىھۇدىلىكتۇر» دېدىم. 16چۈنكى، نادان ئادەملەر ئۇنتۇلۇپ كەتكىنىگە ئوخشاش، دانا ئادەملەرمۇ ئوخشاشلا ئۇنتۇلۇپ كېتىلىدۇ، كەلگۈسىدىمۇ ھەممىسى بىردەك ئۇنتۇلۇپ كېتىلىدۇ. ئەپسۇسكى، دانا ئادەملەرمۇ نادان ئادەملەردەك ئۆلۈپ كېتىدۇ. 17شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ھاياتتىن نەپرەتلەندىم، چۈنكى قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا يۈز بەرگەن ھەربىر ئىشلار ماڭا قايغۇلۇق بىلىندى. بارلىق ئىشلار خۇددى شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغاندەكلا بىھۇدىلىك ئىكەن.

جاپالىق ئىشلەشنىڭ بىھۇدىلىكى

18قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا جاپا تارتىپ تاپقان بارلىق نەرسىلىرىمدىن نەپرەتلەندىم. چۈنكى، مەن بۇلارنى كېيىنكىلەرگە قالدۇرۇشۇم كېرەك. 19لېكىن ئۇلارنىڭ دانا ياكى نادان بولۇشىنى كىم بىلىدۇ؟ ئۇلار، قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا مېنىڭ دانالىقىم ۋە جاپا-مۇشەققەتلىرىم ئارقىلىق ئېرىشكەن نەرسىلىرىمگە ئىگە بولىدۇ. بۇمۇ بىھۇدىلىك ئىكەن. 20قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا ئىشلەپ تارتقان جاپالىرىمغا يۈرىكىم ئېچىشىپ، ئۈمىدسىزلەندىم. 21چۈنكى، ئادەملەر دانالىقى، بىلىمى ۋە قابىلىيىتىنى ئىشقا سېلىپ، جاپا-مۇشەققەت بىلەن ئېرىشكەن ئەمگەك مېۋىلىرىنى، بۇ نەرسىلەرگە مېھنەت سىڭدۈرمىگەن كېيىنكىلەرگە قالدۇرۇشى كېرەك. بۇ ھەقىقەتەن بىھۇدىلىك ۋە بەختسىزلىكتۇر. 22ئادەملەرنىڭ قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا ئىشلەپ تارتقان جاپالىرى ۋە ئەندىشىلىرى ئۆزلىرىگە نېمە پايدا كەلتۈرەر؟ 23ئۇلارنىڭ ئىشلەپ جاپا تارتىشلىرى، ھەتتا كېچىلەرنىمۇ خاتىرجەمسىزلىك ئىچىدە ئۆتكۈزۈشى ھەقىقەتەن بىھۇدىلىكتۇر.

24ئادەم ئۈچۈن يەپ-ئىچىش ۋە جاپالىق ئىشلەپ ئېرىشكەن نەتىجىلىرىدىن راھەتلىنىشتىن ئارتۇق خۇشاللىق يوقتۇر. بىلدىمكى، بۇمۇ خۇدانىڭ قولى بىلەن بولىدىكەن. 25خۇدا بەرمىسە، كىممۇ يەپ-ئىچەلەيدۇ؟ كىممۇ راھەتلىنىشتىن بەھرىمەن بولالايدۇ؟ 26خۇدا دانالىقنى، بىلىم ۋە خۇشاللىقنى ئۆزىنى خۇشال قىلغان ئادىمىگە ئاتا قىلىدۇ. لېكىن گۇناھكارلارغا مال-دۇنيا توپلايدىغان جاپالىق ئىش بېرىپ، ئۇلارنىڭ توپلىغان مال-دۇنيالىرىنى، خۇدا ئۆزىنى خۇشال قىلغانلارغا ئېلىپ بېرىدۇ. گۇناھكارلارنىڭ بۇ ئىشى خۇددى شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغاندەكلا بىھۇدىلىكتۇر.


3

ھەممە ئىشنىڭ ۋاقتى-سائىتى بار

1ئاسماننىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا ھەممە ئىشنىڭ ۋاقتى بار، ھەممە نەرسىنىڭ ۋاقتى-سائىتى بار:

2تۇغۇلۇشنىڭ ۋە ئۆلۈشنىڭ ۋاقتى بار،

تېرىشنىڭ ۋە يۇلۇۋېتىشنىڭمۇ ۋاقتى بار.

3ئۆلتۈرۈشنىڭ ۋە ساقايتىشنىڭ ۋاقتى بار،

بۇزۇشنىڭ ۋە ياساشنىڭمۇ ۋاقتى بار.

4يىغلاشنىڭ ۋە كۈلۈشنىڭ ۋاقتى بار،

ھازا تۇتۇشنىڭ ۋە ئۇسسۇل ئويناشنىڭ ۋاقتى بار.

5تاش ئېتىشنىڭ ۋە تاش يىغىشنىڭ ۋاقتى بار،

باغرىغا بېسىشنىڭ ۋە ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشنىڭمۇ ۋاقتى بار.

6ئىزدەشنىڭ ۋە ۋاز كېچىشنىڭ ۋاقتى بار،

ساقلاشنىڭ ۋە تاشلاشنىڭمۇ ۋاقتى بار.

7يىرتىشنىڭ ۋە تىكىشنىڭ ۋاقتى بار،

سۈكۈت قىلىشنىڭ ۋە سۆزلەشنىڭمۇ ۋاقتى بار.

8مۇھەببەتنىڭ ۋە نەپرەتنىڭ ۋاقتى بار،

ئۇرۇشنىڭ ۋە تىنچلىقنىڭمۇ ۋاقتى بار.

9ئىنسان جاپالىق ئىشلەپ نېمە پايدا تاپار؟ 10ئىنسانلارنىڭ قىلىشى ئۈچۈن خۇدانىڭ بەرگەن ئىشلىرىنى كۆردۈم. 11خۇدا ھەممە ئىشنى ئۆز ۋاقتى-سائىتى بويىچە توپتوغرا ئورۇنلاشتۇرغان. ئۇ مەڭگۈلۈك ئاڭنى ئىنسانلارنىڭ كۆڭلىگە سالغان بولسىمۇ، ئىنسان خۇدانىڭ باشتىن-ئاخىرغىچە قىلغان ئىشلىرىنى ھېچقاچان چۈشەنمەيدۇ. 12ئىنسان ئۈچۈن بەختلىك ھايات كەچۈرۈشتىن، ئۆز بەختىدىن ھۇزۇرلىنىشتىن ئارتۇق خۇشاللىقنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتىم. 13ئادەملەر يەپ-ئىچىشى، جاپالىق ئىشلەپ ئېرىشكەن مېۋىلىرىدىن راھەتلىنىشى كېرەك، بۇ خۇدانىڭ ئىلتىپاتىدۇر. 14مەن شۇنى بىلدىمكى، خۇدا قىلغان ھەرقانداق بىر ئىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، ھېچكىم ئۇنى ئازايتىپ ياكى كۆپەيتەلمەيدۇ. خۇدا بۇ ئىشلارنى، ئادەملەر مەندىن ئەيمەنسۇن، دەپ قىلغاندۇر. 15ھازىر بولغان ئىشلار، بۇرۇن ھەم بولغان. كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارمۇ، بۇرۇن بولغان ئىشلاردۇر. خۇدا بۇرۇن بولغان ئىشلارنى شۇ تەرىقىدە دەۋر قىلىپ داۋاملاشتۇرىدۇ.

دۇنيادىكى ئادالەتسىزلىك ۋە ئېزىلىش

16مەن يەنە قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا، مەيلى سوت ئۈستىدە بولسۇن ياكى ئادالەت ھۆكۈم سۈرگەن جايدا بولسۇن، رەزىللىكنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆردۈم. 17مەن كۆڭلۈمدە شۇنداق دېدىم: «خۇدا ھەققانىي ئادەم ۋە رەزىل ئادەملەر ئۈستىدىن ئۆزى ھۆكۈم چىقىرىدۇ، چۈنكى ھەرقانداق بىر ئىش، ھەرقانداق ھەرىكەتنىڭ ۋاقتى-سائىتىنى ئۆزى بەلگىلىگەندۇر.»

18كۆڭلۈمدە يەنە ئىنسان توغرۇلۇق شۇنداق دېدىم: «خۇدا ئادەم بىلەن ھايۋانلارنىڭ ئوخشايدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن.» 19چۈنكى، ئادەم بىلەن ھايۋاننىڭ دۇچ كېلىدىغان قىسمىتى ئوخشاش. مەيلى ئۇ بولسۇن، مەيلى بۇ بولسۇن، ھەر ئىككىلىسى ئوخشاشلا ئۆلىدۇ، ئوخشاشلا نەپەسكە تايىنىپ ياشايدۇ. ئادەم ھايۋاندىن ئۈستۈن ئەمەس. ھايات ھەقىقەتەن بىھۇدىلىكتۇر. 20ھەر ئىككىلىسىنىڭ قايتىدىغان جايى ئوخشاش، ھەممىسى تۇپراقتىن ئاپىرىدە بولغان، يەنە تۇپراققا قايتىدۇ. 21ئادەمنىڭ روھىنىڭ ئاسمانغا چىقىپ، ھايۋاننىڭ روھىنىڭ يەرگە كىرىپ كېتىدىغانلىقىنى كىم بىلىدۇ؟

22شۇنى ئېنىق بىلدىمكى، ئىنسان ئۈچۈن ئۆز مېھنىتىدىن خۇشاللىق تېپىشتىن باشقا ياخشىراق نەرسە يوق ئىكەن، چۈنكى بۇ ئىنساننىڭ نېسىۋىسىدۇر. ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن، نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى كىممۇ ئۇنىڭغا ئېيتىپ بېرەلىسۇن؟


4

1مەن يەنە، قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇملارنى، ئېزىلگۈچىلەرنىڭ كۆز ياشلىرىنى كۆردۈم. لېكىن ھېچكىم ئۇلارغا تەسەللى بېرەلمەيدىكەن، ئەزگۈچىلەر قۇدرەتلىك بولغاچقا، ھېچكىم ئېزىلگۈچىلەرگە تەسەللى بېرەلمەيدىكەن.

2مەن ئۆلۈپ كەتكەن ئادەملەرنى ياشاۋاتقانلاردىن كۆپ بەختلىك ئىكەن، دەپ ئويلىدىم. 3ئەمما بۇ ئادەملەرگە سېلىشتۇرغاندا، تېخى تۇغۇلمىغانلار تېخىمۇ بەختلىكتۇر، چۈنكى ئۇلار قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادىكى رەزىللىكلەرنى كۆرمەيدۇ.

4مەن يەنە شۇنى كۆردۈمكى، ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدىكى ھەسەتخورلۇق ئۇلارنىڭ جاپالىق ئىشلىشىگە ۋە ماھارەت يېتىلدۈرۈشىگە تۇرتكە بولۇپتۇ. بۇمۇ خۇددى شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغاندەكلا بىھۇدىلىك ئىكەن.

5«نادان ھۇرۇنلۇقىدىن ئۆزىنى خاراب قىلىدۇ.»

6«بىراق ئارامخۇدا تاپقان بىر قولدىكى ئاز نەرسە،

شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ، جاپالىق ئىشلەپ تاپقان ئىككى قولدىكى جىق نەرسىدىن ئەۋزەلدۇر.»

ھەمراھنىڭ ياخشى تەرىپى

7مەن قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا يەنە بىر بىھۇدە ئىشنى كۆردۈم. 8ھېچبىر يۆلەنچۈكى يوق كىشىلەر بار، ئۇلارنىڭ يا بالىسى، يا قېرىندىشى يوق. لېكىن ئۇلار ئۆمۈر بويى جاپالىق ئىشلەيدۇ، كۆزى بايلىققا تويمايدۇ. ئۇلار ئۆزىدىن: «مەن كىم ئۈچۈن ئىشلەۋاتىمەن، نېمە ئۈچۈن شۇنچىلىك خۇشاللىقلاردىن ۋاز كېچىمەن؟» دەپ سورىمايدۇ. بۇمۇ بىر بىھۇدىلىكتۇر، قايغۇلۇق ئىشتۇر.

9ئىككى ئادەم ھامىنى بىر ئادەمدىن ياخشىدۇر، چۈنكى ئىككى ئادەمنىڭ جاپا تارتىپ ئىشلىشىنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. 10ئەگەر بىرى يىقىلسا، ئۇنى ھەمراھى يۆلەپ تۇرغۇزىدۇ. لېكىن بىر ئادەم يىقىلىپ، ئۇنى تۇرغۇزىدىغان ئادەم بولمىسا، ئۇ تولىمۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋالدا قالىدۇ. 11ئىككى ئادەم بىرگە ئۇخلىسا، ئىسسىق ياتىدۇ، يالغۇز ئۇخلىسا، ئۇ قانداقمۇ ئىسسىق ياتسۇن؟ 12بىر ئادەم ئۆزى يالغۇز بولسا، ئۇ دۈشمىنىگە بوزەك بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئىككى ئادەم بىرگە بولسا، دۈشمىنىگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرالايدۇ. ئۈچ ئۆرۈمدىن ئۆرۈلگەن ئارغامچىنى ئۈزمەك قىيىندۇر.

سىياسىي ھوقۇقنىڭ بىھۇدىلىكى

13نادان، مەسلىھەتكە قۇلاق سالمايدىغان قېرى پادىشاھتىن، نامرات، لېكىن دانا يىگىت ياخشىدۇر. 14بەلكىم ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشى نامرات، زىندانغا تاشلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە پادىشاھلىق تەختىگە چىقىدىغان بىرى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. 15مانا، قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا ياشاۋاتقان ئادەملەرنىڭ ئۇ يىگىتكە ئەگەشكەنلىكىنى كۆردۈم. 16نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەگەشكەن بولسىمۇ، لېكىن كېيىن كەلگەن كىشىلەردىن ھېچكىم ئۇنىڭ قىلغىنىدىن رازى بولمىدى. بۇمۇ بىھۇدىلىكتۇر، خۇددى شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغاندەكلا بىھۇدىلىكتۇر.


5

ۋەدىگە ۋاپا قىلىش

1سەن خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا كىرگىنىڭدە قەدىمىڭنى ئويلاپ باس، دىققەت بىلەن ئاڭلا. بۇنداق قىلىش نادانلارنىڭ ئويلانماي قىلغان قۇربانلىقىدىن ياخشىدۇر. چۈنكى نادان ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنىڭ رەزىللىك ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. 2خۇدانىڭ ئالدىدا يېنىكلىك قىلما، ئالدىراپ ۋەدە بەرمە. چۈنكى خۇدا ئاسماندا، سەن يەردە. شۇڭا سۆزۈڭنىڭ ئاز بولغىنى ياخشى. 3ئادەمدە تەشۋىش كۆپ بولسا، يامان چۈشنىمۇ كۆپ بولىدۇ. سۆز كۆپ بولسا، نادانلىقى ئاشكارىلىنىپ قالىدۇ.

4خۇداغا بەرگەن ۋەدەڭگە كېچىكتۈرمەي ئەمەل قىل. چۈنكى، خۇدا نادان ئادەملەردىن خۇرسەن بولمايدۇ، شۇڭا ۋەدەڭدە تۇر. 5ۋەدە قىلىپ ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغاندىن كۆرە، ۋەدە قىلمىغان ياخشىدۇر. 6ئاغزىڭدىن گۇناھقا قالما، خۇدانىڭ روھانىيلىرىغا ئورۇنسىز ۋەدە بەرمە. نېمىشقا خۇدانىڭ غەزىپىنى قوزغايسەن، نېمىشقا ئۆز قوللىرىڭ بىلەن قىلغان ئىشلىرىڭنى يوققا چىقارغۇزۇۋېتىسەن؟! 7كۆپ خام خىيال قىلىش، كۆپ سۆزلەش بىھۇدىلىكتۇر، ئۇنىڭ ئورنىغا خۇدادىن ئەيمىنىشىڭ ياخشىراقتۇر.

بايلىقنىڭ بىھۇدىلىكى

8ئەگەر سەن بىر جايدا نامراتلارنىڭ بوزەك قىلىنىۋاتقانلىقىنى، ھەقىقەت ۋە ئادالەتنىڭ ئۇلاردىن تارتىۋېلىنغانلىقىنى كۆرسەڭ، ھەيران قالما، چۈنكى ھەربىر ئەمەلدار ئۈستىدە ئۇنى قوغدايدىغان ئۇنىڭدىن چوڭ ئەمەلدار، بۇ ئەمەلدارنىڭ ئۈستىدە يەنە ئۇلاردىنمۇ چوڭ قوغدىغۇچى ئەمەلدار بولىدۇ. 9ھەممە ئادەم ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىدۇ، ھەتتا پادىشاھمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس.

10پۇلنى ياخشى كۆرىدىغانلار ھېچقاچان پۇل بىلەنلا قانائەت قىلمايدۇ، بايلىقنى ياخشى كۆرىدىغانلارمۇ ھېچقاچان شۇنچە بايلىقىدىن رازى بولمايدۇ، بۇ بىھۇدىلىكتۇر. 11بايلىق كۆپەيسە ئۇنى ئىشلىتىدىغانلارمۇ كۆپىيىدۇ. بۇ بايلىقنىڭ ئىگىسىگە ھېچقانداق پايدىسى يوق، پەقەتلا كۆرۈنۈشتە باي كۆرۈنىدۇ. 12مېھنەتكەش مەيلى كۆپ يېسۇن ياكى ئاز يېسۇن بەرىبىر خاتىرجەم ئۇخلايدۇ. باي بولسا، بايلىقىدىن ئەنسىرەپ خاتىرجەم ئۇخلىيالمايدۇ.

13مەن قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا كۆرگەن ئەڭ ئازابلىق ئىشلارنىڭ بىرى، بەزىلەرنىڭ توپلىغان بايلىقلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىتىشىدۇر. 14ئۇلارنىڭ تىجارىتىنىڭ ساغلام بولماسلىقى تۈپەيلىدىن، توپلىغان بايلىقلىرى يوقىلىپ، ئاخىردا بالىلىرىغا مىراس قالدۇرغۇدەك ھېچنېمىسى قالمايدۇ. 15ئۇلار ئانىدىن قانداق تۇغۇلغان بولسا، يەنە شۇنداق كېتىدۇ. بىر ئۆمۈر جاپالىق ئىشلەپ تاپقان بايلىقلىرىنىڭ بىر تىللاسىنىمۇ بىللە ئېلىپ كېتەلمەيدۇ.

16ئىنساننىڭ بۇ دۇنياغا قانداق كەلگەن بولسا شۇنداق كېتىشى ئادەمنى ھەقىقەتەن ئازابلايدىغان بىر ئىشتۇر. شۇنداق ئىكەن، ئۇلارنىڭ بىھۇدە ئەجىر قىلىشىنىڭ نېمە پايدىسى بار؟ 17ئۇلار پۈتۈن ئۆمرىنى قاراڭغۇلۇق، چوڭقۇر قايغۇ-ئەلەم، ئازاب ۋە نەپرەت ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ.

18مەن شۇنى چۈشەندىمكى، ئىنسانلار ئۈچۈن ئەڭ كۆڭۈللۈك ۋە ئەڭ ياخشى ئىش، قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادىكى خۇدا بەرگەن چەكلىك ھاياتىدا، يەپ-ئىچىش ۋە جاپالىق ئىشلەپ ئېرىشكەن نەتىجىلىرىدىن راھەتلىنىشتىن ئىكەن. چۈنكى بۇ ئىنساننىڭ نېسىۋىسىدۇر. 19خۇدا بىر ئادەمگە بايلىق ۋە مۈلۈك بېرىپ، يەنە ئۇنىڭغا شۇ نەرسىلەردىن ھۇزۇرلىنىشقا ئىمكانىيەت بەرسە، شۇنداقلا ئۇ ئادەم ئۆزى جاپالىق ئىشلەپ ئېرىشكەن نەتىجىلىرىدىن مەمنۇن بولۇپ، خۇشاللىققا چۆمسە، مانا بۇ خۇدانىڭ ئۇنىڭغا كۆرسەتكەن ئىلتىپاتىدۇر. 20بۇنداق ئادەم ھاياتنىڭ قىسقىلىقىنى ئويلىمايدۇ، چۈنكى خۇدا ئۇنىڭ قەلبىنى شادلىققا تولدۇرغاندۇر.


6

1مەن قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا ئىنسانلارنى بېسىپ تۇرىدىغان قاتتىق ئازابلىق بىر ئىشنى كۆردۈم. 2خۇدا بەزى ئادەملەرنى بايلىق، مال-مۈلۈك ۋە شەرەپلەرگە مۇيەسسەر قىلىدۇ، ئۇلار كۆڭلى خالىغان نەرسىلەرگە ئېرىشەلىسىمۇ، لېكىن خۇدا ئۇلارغا بۇ نەرسىلەردىن بەھرىلىنىش ئىمكانى بەرمەيدۇ، بۇ نەرسىلەردىن ياتلار بەھرىلىنىدۇ. مانا بۇ بىھۇدىلىكتۇر، بۇ ئازابلىق بىر ئىشتۇر.

3بىر باي ئادەم يۈز پەرزەنتلىك بولۇشى ھەمدە ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشى مۇمكىن، لېكىن ئۇ ھاياتتىن قانائەت ھاسىل قىلالمىسا ياكى بۇ دۇنيادىن كەتكەندە ھۆرمىتى بىلەن كۆمۈلمىسە، مېنىڭچە بۇنداق ئادەمدىن ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن چۈشۈپ كەتكەن ھامىلە ياخشىراقتۇر. 4چۈنكى، ھامىلە بۇ دۇنياغا بىھۇدە كېلىپ، كۆز ئاچماي تۇرۇپلا جىمجىت كېتىدۇ، قاراڭغۇلۇق ئۇنىڭ نامىنى يوشۇرۇپ قالىدۇ. 5‏-6گەرچە ھامىلە قۇياش نۇرىنى كۆرمىگەن ھەم ھاياتنىڭ نېمىلىكىنى بىلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىككى مىڭ يىل ياشاپ، ھاياتنىڭ خۇشاللىقىدىن ھۇزۇرلىنالمىغان باي ئادەمدىن ئۇ خاتىرجەمرەكتۇر. ھەر ئىككىلىسى يەنىلا ئوخشاش بىر يەرگە بارىدۇ ئەمەسمۇ!

7ئىنساننىڭ جاپالىق ئىشلىشى قورساق ئۈچۈندۇر، لېكىن ئىنسان مەڭگۈ قانائەتلەنمەيدۇ. 8دانا ئادەمنىڭ نادان ئادەمگە قارىغاندا قانداق ئارتۇقچىلىقى بار؟ نامرات ئادەم بۇ دۇنيادا توغرا ياشاشنى بىلسىمۇ ئۇنىڭغا بۇنىڭ نېمە پايدىسى بار؟ 9ئۆزۈڭدە بار نەرسىلەرگە رازى بولۇش، يوق نەرسىلەرگە ئىنتىلىشتىن ياخشىدۇر. بۇنداق ئىنتىلىش خۇددى شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغاندەكلا بىھۇدىلىكتۇر.

10دۇنيادىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ تەقدىرى ئالدىن بەلگىلەنگەندۇر. ئىنساننىڭ تەقدىرىمۇ شۇنداق. ھېچقانداق ئادەم خۇدا بىلەن قارشىلىشالمايدۇ. 11سۆز قانچە كۆپ بولسا، شۇنچە بىھۇدە بولىدۇ، بۇنىڭ ئادەم ئۈچۈن نېمە پايدىسى بار؟ 12ئىنساننىڭ ھاياتى خۇددى بىر كۆلەڭگىگە ئوخشايدۇ. كىممۇ قىسقا، بىھۇدە ھاياتىنى قانداق قىلغاندا ياخشى ئۆتكۈزگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلەلەيدۇ؟ ئىنسان ئۆلگەندىن كېيىن، قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى كىم ئېيتىپ بېرەلەيدۇ؟


7

ھاياتلىقتىكى دانالىق

1گۈزەل نام-ئاتاق خۇشبۇي مەلھەمدىن ياخشىدۇر،

ئۆلۈم كۈنى تۇغۇلغان كۈندىن ياخشىدۇر.

2بەزمە بولۇۋاتقان ئۆيگە بېرىشتىن ماتەم بولۇۋاتقان ئۆيگە بېرىش ياخشىدۇر.

چۈنكى ئۆلۈم ھەممە ئادەمنىڭ تەقدىرىدە باردۇر.

ھاياتلار بۇنى ھەرگىز ئۇنتۇماسلىقى كېرەك.

3قايغۇرۇش ئەخمىقانە كۈلكىدىن ياخشىدۇر،

چۈنكى قايغۇ ئادەمنىڭ قەلبىنى تاۋلايدۇ.

4دانا ئادەملەر ئۆلۈم توغرىسىدا ئويلايدۇ،

نادان ئادەملەر بولسا ھەر ۋاقىت شادلىقنى ئويلايدۇ.

5دانالارنىڭ ئەيىبلىشىنى ئاڭلاش،

نادانلارنىڭ ماختىشىنى ئاڭلاشتىن ياخشىدۇر.

6نادانلارنىڭ كۈلكىسى خۇددى ئوچاقتا قاراسلاپ كۆيۈۋاتقان تىكەنگە ئوخشايدۇ،

كۆيۈۋاتقان تىكەن ئاۋاز چىقىرىدۇ، خالاس، بۇمۇ بىھۇدىلىكتۇر.

7قاقتى-سوقتى قىلىش دانالارنى نادان قىلىدۇ،

پارا ئېلىش ئادەمنىڭ قەلبىنى بۇزىدۇ.

8بىر ئىشنىڭ ئاخىرلىشىشى، بىر ئىشنىڭ باشلىنىشىدىن ياخشى.

سەۋرچان بولۇش، مەغرۇرلۇقتىن ياخشى.

9ئاسان ئاچچىقلانما،

چۈنكى ئاچچىقلىنىش ئەخمەقنىڭ قەلبىدە ماكان قۇرىدۇ.

10«نېمە ئۈچۈن بۇرۇنقى كۈنلىرىمىز ھازىرقىدىن ياخشى؟» دەپ سورىما،

بۇنداق سوئال سوراش دانالىق ئەمەستۇر.

11دانالىق مىراستەك ياخشى نەرسىدۇر.

چۈنكى ئۇ قۇياشنى كۆرۈۋاتقان بارلىق ئادەملەرگە مەنپەئەت كەلتۈرىدۇ.

12دانالىق ئادەمنى خۇددى پۇل قوغدىغاندەك قوغدايدۇ.

دانالىقنىڭ ئارتۇقچىلىقى شۇكى، ئۇ سەندە بولسا سېنىڭ ھاياتىڭنى ساقلايدۇ.

13خۇدانىڭ قىلغانلىرىنى ئويلا، ئۇ ئەگرى قىلغاننى كىم تۈزلىيەلەيدۇ؟

14ئىشلىرىڭ راۋان ۋاقتىدا خۇشال بولغىن، لېكىن قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا، خۇشاللىق ۋە قىيىنچىلىقنىڭمۇ خۇدادىن كېلىدىغانلىقىنى ئۇنتۇما. كەلگۈسىدە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلەلمەيدۇ.

دانالىق چەكلىكتۇر

15بۇ بىھۇدە ھاياتتا نۇرغۇن ئىشلارنى كۆردۈم. ياخشى ئىش قىلىدىغان ئادەملەر ھەققانىي بولسىمۇ بالدۇر ئۆلۈپ كېتىدىكەن، ئۇنىڭ ئەكسىچە يامان ئادەملەر يامان ئىش قىلسىمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىكەن. 16بەك ھەققانىي ۋە دانا بولۇپ كەتمە، ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ ۋەيران قىلىشىڭنىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى؟ 17يامانلىق قىلىشقا بېرىلىپ كەتمە، نادانلىقمۇ قىلما، ئەجىلىڭدىن بۇرۇن ئۆلۈشۈڭنىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى؟ 18بۇ نەسىھەتلەرنىڭ بىرىگە ئەمەل قىلىپ، يەنە بىرىگە سەل قارىما، چۈنكى خۇدادىن ئەيمىنىدىغانلار ھەر ئىككىلىسىگە ئەمەل قىلىدۇ.

19دانالىق ئادەمنى شەھەردىكى ئون ئەمەلداردىنمۇ كۈچلۈك قىلىدۇ.

20بۇ دۇنيادا پەقەت ياخشى ئىشنىلا قىلىپ، بىرەر قېتىممۇ يامان ئىش قىلىپ باقمىغان بىرمۇ ئادەم يوق.

21باشقىلارنىڭ سۆزىنى كۆڭلۈڭگە ئالما، بەلكىم مالايلارنىڭمۇ تىل-ئاھانىتىگە قېلىشىڭ مۇمكىن. 22ئەمەلىيەتتە سېنىڭمۇ باشقىلارغا كۆپ قېتىم تىل-ئاھانەت قىلغىنىڭ كۆڭلۈڭگە ئاياندۇر.

23مەن بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى دانالىق بىلەن كۆزەتتىم. مەن ئۆزۈمگە: «مەن دانا بولاي!» دېدىم، لېكىن مەقسىتىمگە يېتەلمىدىم. 24دۇنيادا يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ مەنىسى ناھايىتى چوڭقۇر بولۇپ، ئۇلارنى بىز چۈشىنەلمەيمىز، كىممۇ ھەممە ئىشلارنىڭ تېگىگە يېتەلىگەن؟ 25مەن چۈشىنىشكە پۈتۈن زېھنىمنى بېرىپ، دانالىقنى ئىزدەپ تاپماقچى ۋە بارلىق ئىشلارنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەكچى بولدۇم. مەن يەنە رەزىللىكنىڭ شۇنچىلىك نادانلىق، ئەخمەقلىقنىڭ شۇنچىلىك تەلۋىلىك ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشكە تىرىشتىم.

26مەن شۇنى بايقىدىمكى، ئادەمنى مەھلىيا قىلىدىغان ئايال ئۆلۈمدىن قورقۇنچلۇق ئىكەن. ئۇنىڭ ئىشىق-مۇھەببىتى قىلتاق ۋە تۇزاق، قوللىرى بولسا زەنجىردۇر. خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغانلار ئۇنداق ئايالدىن يىراق تۇرىدۇ، پەقەت گۇناھكار ئادەملەرلا ئاشۇنداق ئايالنىڭ تۇزىقىغا چۈشىدۇ.

27ھېكمەت ئىگىسى شۇنداق دەيدۇكى: «مەن يۈز بەرگەن ئىشلارنى قايتا-قايتا مۇلاھىزە قىلىپ كۆرگەندىن كېيىن مۇنداق خۇلاسىگە كەلدىم. 28مەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئىزدەنگەن بولساممۇ، ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشىنى تاپالمىدىم. بۇنىڭغا مىڭ ئەركەكنىڭ ئىچىدىن بىرى جاۋاب بېرەلىدى، ئەمما مىڭ ئايالنىڭ ئىچىدىن بىرسىمۇ جاۋاب بېرەلمىدى. 29مېنىڭ بىردىنبىر بايقىغىنىم شۇ بولدىكى، ئەسلىدە خۇدا ئادەمنى دۇرۇس قىلىپ ياراتقان بولسىمۇ، ئەمما ئادەملەر ھەر خىل رەزىل يوللارنى ئىزدەپ يۈرىدىكەن.»


8

1كىم دانا ئادەمگە ئوخشايدۇ؟ كىم ئىشلارنىڭ مەنىسىنى يېشىپ بېرەلەيدۇ؟

دانالىق ئادەمنىڭ چېھرىنى نۇرلاندۇرۇپ، بىزەڭ چىراينى ئىللىق چىراي قىلىدۇ.

پادىشاھقا ئىتائەت قىلىش

2پادىشاھنىڭ ئەمرىنى بەجا كەلتۈر، چۈنكى سەن خۇدانىڭ ئالدىدا قەسەم ئىچكەن. 3مەسئۇلىيىتىڭدىن قاچما ھەم يامان ئىشلارغا ئارىلىشىپ قالما، چۈنكى پادىشاھ ئۆزى خالىغان ئىشنى قىلالايدۇ. 4پادىشاھنىڭ سۆزى قانۇندۇر. كىممۇ ئۇنىڭدىن: «نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟» دەپ سورىيالايدۇ؟ 5پادىشاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنغانلار جازالانمايدۇ. دانا ئادەم ھەرقانداق ئىشنىڭ پەيتى ۋە ئۇسۇلىنى بىلىدۇ. 6گەرچە ئادەملەر ئىش قىلغاندا خىلمۇخىل قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلسىمۇ، لېكىن ھەرقانداق ئىشنىڭ پەيتى ۋە ئۇسۇلى بولىدۇ.

7ھېچكىم كەلگۈسىنى بىلمەيدۇ، نېمە ئىشلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى ھېچكىم ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ. 8شامالنى بويسۇندۇرغىلى بولمىغاندەك، ئۆلۈمنىمۇ بويسۇندۇرغىلى بولمايدۇ. لەشكەرلەر ئۇرۇشتىن قېچىپ قۇتۇلالمىغاندەك، رەزىللەر رەزىللىكتىن قۇتۇلالمايدۇ.

9مەن قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا يۈز بەرگەن بارلىق ئىشلارنى كۆردۈم ھەم بۇ ئىشلار ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلاندىم. بەزىدە بىر ئادەم باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن زورلۇق-زومبۇلۇق قىلىپ، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىدىكەن. 10مەن يەنە رەزىل ئادەملەرنىڭ ھايات ۋاقتىدا مۇقەددەس جايغا كىرىپ-چىقىۋاتقانلىقىنى، يەنە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى رەزىل ئىش قىلغان شۇ شەھەردە ماختاشقا سازاۋەر بولۇۋاتقانلىقىنى، ئۆلگەندىن كېيىن ھۆرمەت بىلەن يەرگە كۆمۈلۈۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. بۇمۇ بىر بىھۇدىلىكتۇر. 11جىنايەتچىلەر دەرھال جازاغا تارتىلمىسا، كىشىلەر جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە يۈرەكلىك بولۇپ كېتىدۇ. 12گۇناھكار ئادەم گەرچە يۈز قېتىم گۇناھ ئۆتكۈزسىمۇ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ، لېكىن مەن شۇنى چۈشەندىمكى، خۇدادىن ئەيمىنىدىغانلار چوقۇم بەخت تاپىدۇ. 13رەزىل ئادەملەرنىڭ بەختىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ھاياتى خۇددى سايىدەك قىسقا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بەختسىزلىكى دەل ئۇلارنىڭ خۇدادىن قورقمىغانلىقىدىن بولغاندۇر.

14دۇنيادا مۇنداق بىر بىھۇدىلىكمۇ بار، ھەققانىي ئادەملەر رەزىل ئادەملەر تارتىشقا تېگىشلىك جازاغا تارتىلىدۇ، رەزىل ئادەملەر بولسا خۇددى ھەققانىي ئادەملەردەك مۇكاپاتلىنىدۇ. مەن شۇنداق ئويلايمەنكى، بۇمۇ بىر بىھۇدىلىكتۇر. 15شۇڭا مەن ئىنسانلارغا، بۇ دۇنيادا يەپ-ئىچىپ، ھاياتتىن ھۇزۇر ئېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا خۇدا ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان ھاياتىدا ئۇلار جاپالىق ئىشلىسىمۇ، خۇشاللىق ئۇلار بىلەن بىللە بولىدۇ.

16مەن كۆڭۈل قويۇپ، دانالىقنى بىلىشكە ۋە بۇ دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى ھەتتا كېچىلىرىمۇ ئۇخلىماي قىلىۋاتقان بارلىق ئىشلىرىنى چۈشىنىشكە تىرىشتىم. 17مەن خۇدا قىلغان بارلىق ئىشلارنى ئويلىدىم. قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا ھېچكىم خۇدانىڭ قىلغان ئىشلىرىنى ھەقىقىي بىلمەيدىكەن. ئىنسانىيەت ئۇنى چۈشىنىشكە ئۇرۇنسىمۇ، لېكىن ھېچكىم چۈشىنەلمەيدىكەن. ھەتتا دانا بىر ئادەم «مەن بىلدىم!» دېسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇمۇ ھەقىقىي بىلمەيدىكەن.


9

ھەممە ئادەم ئۆلۈمگە يۈزلىنىدۇ

1مەن دۇنيادا بولۇۋاتقان ئىشلارنى كۆڭۈل قويۇپ، ئەستايىدىل كۆزەتتىم. ھەققانىي ۋە دانا ئادەملەرنىڭ ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ خۇدانىڭ ئىلكىدە ئىكەنلىكىنى بىلدىم. لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ ياخشى كۆرۈلىدىغان ياكى كۆرۈلمەيدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، چۈنكى بۇ كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلار. 2مەيلى ھەققانىي ئادەم ياكى رەزىل ئادەم، مەيلى ياخشى ئادەم ياكى يامان ئادەم، مەيلى پاك ئادەم ياكى ناپاك ئادەم، مەيلى قۇربانلىق قىلىدىغان ئادەم ياكى قۇربانلىق قىلمايدىغان ئادەم، مەيلى ياخشى ئادەم ياكى گۇناھكار ئادەم بولسۇن، قەسەمخور ياكى قەسەم ئىچىشتىن قورقىدىغان ئادەم بولسۇن، ھەممىسىنىڭ تەقدىرى ئوخشاش بولۇپ، ئۆلۈمگە يۈزلىنىدۇ.

3قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ ئىچىدە ئادەمنى ئازابلايدىغان بىر ئىش شۇكى، ھەممە ئادەمنىڭ تەقدىرىنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا ئوخشاش بولۇشىدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىنسانلار ھايات ۋاقتىدا ھاياتى رەزىللىككە، قەلبلىرى ئەخمەقلىقكە تولغان بولىدۇ، ئاندىن بۇ ئالەمدىن كېتىدۇ. 4ھايات بولسىلا ئۈمىد بولىدۇ، تىرىك ئىت ھامان ئۆلۈك شىردىن ياخشىدۇر. 5ھاياتلار ئۆزىنىڭ ئۆلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئۆلۈپ كەتكەنلەر ھېچنېمىنى بىلمەيدۇ، ئۇلارغا يەنە ئىنئام يوقتۇر. ئۇلار پۈتۈنلەي ئۇنتۇلۇپ كېتىلىدۇ. 6ئۇلارنىڭ مۇھەببەت، نەپرەت ۋە ھەسەتلىرىمۇ ئاللىبۇرۇن يوقالغان. قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا يۈز بەرگەن ئىشلاردا مەڭگۈ ئۇلارنىڭ نېسىۋىسى بولمايدۇ.

7بېرىڭلار! خۇشال-خۇرام تامىقىڭلارنى يەپ، شادلىق بىلەن شارابىڭلارنى ئىچىڭلار! چۈنكى بۇلار خۇدانىڭ سىلەرگە بەرگەن ئىنئامىدۇر. 8پاكىز، چىرايلىق كىيىملەرنى كىيىڭلار، چاچلىرىڭلاردىن خۇشبۇي ماي ئايرىلمىسۇن. 9سەن بۇ بىھۇدە ھاياتىڭنى، يەنى خۇدا ساڭا ئاتا قىلغان قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادىكى كۈنلىرىڭنى ئۆزۈڭنىڭ ياخشى كۆرگەن ئايالىڭ بىلەن بىرگە خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزگىن. چۈنكى بۇ سېنىڭ بۇ دۇنيادا جاپالىق ئىشلىگىنىڭنىڭ بەدىلىگە بېرىلگەن نېسىۋىدۇر. 10قىلالايدىغان ئىشلىرىڭنى ئامال بار تىرىشىپ قىلغىن، چۈنكى سەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن باقىي دۇنيادا قىلىدىغان ئىش، پىلان، بىلىم ۋە دانالىقمۇ يوق.

11مەن يەنە، قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا مۇسابىقىدە تېز يۈگۈرسىلا مۇكاپاتقا ئېرىشكىلى بولمايدىغانلىقىنى، جەڭدە باتۇر بولسىلا غەلىبە قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، دانا بولسىلا يېمەكلىككە ئېرىشكىلى بولمايدىغانلىقىنى، چېچەن بولسىلا باي بولغىلى بولمايدىغانلىقىنى، بىلىملىك بولسىلا قەدىرلىك بولمايدىغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە پۇرسەت ۋە شارائىتمۇ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى چۈشەندىم.

12ھېچكىم ئەجەلنىڭ قاچان كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. خۇددى تورغا كىرىپ قالغان بېلىقتەك، تۇزاققا چۈشۈپ قالغان قۇشتەك، ئىنسانمۇ تۇيۇقسىز كەلگەن بالا-قازادىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.

ئەقىل-پاراسەت نادانلىقتىن غالىبتۇر

13مەن قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا يەنە ئەقىل-پاراسەتنىڭ نەمۇنىسىنى كۆردۈم. ئۇ مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى: 14ئاھالىسى ئانچە كۆپ بولمىغان بىر كىچىك شەھەر بولغانىكەن. كۈچلۈك بىر پادىشاھ بۇ شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى قورشاۋغا ئاپتۇ ۋە شەھەرگە بېسىپ كىرىش ئۈچۈن سېپىلغا توپا دۆۋىلەپتۇ. 15ئەمما بۇ شەھەردە نامرات، لېكىن دانا بىر ئادەم بولغانىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ دانالىقى بىلەن شەھەرنى قۇتقۇزۇپ قاپتۇ. كېيىن كىشىلەر ئۇنى ئۇنتۇپ كېتىپتۇ. 16شۇڭا مەن: «ئەقىل-پاراسەت قارا كۈچتىن غالىب» دەپ قارايمەن. لېكىن نامرات ئادەمنىڭ پاراسىتى كەمسىتىلىدۇ، ھېچكىم ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالمايدۇ. 17دانا ئادەمنىڭ سەمىمىي سۆزلىرىنى ئاڭلا، نادان ھۆكۈمدارنىڭ ۋارقىراشلىرىغا قۇلاق سالما. 18دانالىق قورال-ياراغدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. لېكىن بىر گۇناھكار ئادەم كۆپ ياخشى ئىشلارنى بۇزۇشى مۇمكىن.


10

1بىر ئۆلۈك چىۋىن خۇش پۇراقلىق مەلھەمنى سېسىتىۋەتكەندەك،

قىلغان كىچىككىنە ھاماقەتلىكمۇ ئادەمنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە شان-شەرىپىگە داغ چۈشۈرىدۇ.

2دانا ئادەمنىڭ يۈرىكى توغرا ئىشلارنى قىلىشقا،

نادان ئادەمنىڭ يۈرىكى يامان ئىشلارنى قىلىشقا باشلايدۇ.

3نادان ئادەم يول يۈرگەندىمۇ، ئەقىلسىزلىكىنى ئاشكارىلايدۇ،

ئۆزىنىڭ دۆتلۈكىنى ھەممە ئادەمگە كۆرسىتىدۇ.

4ئەگەر بىر ئەمەلدار ساڭا ئاچچىقلانغان بولسا،

بۇنىڭلىق بىلەن ئىش ئورنۇڭنى تاشلىما،

چۈنكى تەمكىنلىك ئادەمنى چوڭ خاتالىقتىن قۇتقۇزۇپ قالىدۇ.

5مەن يەنە، قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا ھۆكۈمدارنىڭ خاتالىقىدىن كېلىپ چىققان ئازابلىق بىر ئىشنى كۆردۈم. 6ئۇ بولسىمۇ، نادانلارنىڭ يۇقىرى ئورۇنلارغا چىقىرىلىشى، دانا بايلارنىڭ بولسا پەس ئورۇنلارغا چۈشۈپ قېلىشىدۇر. 7مەن قۇللارنىڭ شاھزادىلەردەك ئات مىنگەنلىكىنى، شاھزادىلەرنىڭ قۇللاردەك پىيادە ماڭغانلىقىنى كۆردۈم.

8كىم ئورا كولىسا ئورىغا ئۆزى چۈشىدۇ،

كىم تامنى يىقىتسا ئۇنى يىلان چاقىدۇ.

9تاش چاققۇچى تاشتىن يارىلىنىدۇ،

ئوتۇن كەسكۈچى ئوتۇندىن.

10گاللاشقان پالتاڭنى بىلىمىسەڭ، تېخىمۇ كۆپ كۈچۈڭ كېتىدۇ،

دانالىق ئادەمنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدۇ.

11يىلان ئويناتقۇچىنى يىلان ئوينىتىشتىن ئىلگىرى يىلان چېقىۋالسا،

ئۇنداقتا يىلان ئويناتقۇچىنىڭ ماھارىتىنىڭ ئەھمىيىتى قالمايدۇ.

12دانالارنىڭ تىلى ئۆزلىرىنى ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىدۇ،

نادانلارنىڭ تىلى ئۆزىنى نابۇت قىلىدۇ.

13نادانلارنىڭ سۆزى نادانلىق بىلەن باشلىنىپ،

رەزىللىك ۋە تەلۋىلىك بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

14نادانلار ۋالاقلاپ توختىمايدۇ.

ھېچكىم كەلگۈسىدىكى ئىشلارنى بىلمەيدۇ،

ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ھېچكىم دەپ بېرەلمەيدۇ.

15نادان ئادەمنىڭ جاپالىق ئىشلىرى ئۇنى بەك چارچىتىۋېتىدۇكى،

ھەتتا ئۇ شەھەرگە بارىدىغان يولنىمۇ تاپالمايدۇ.

16بىر دۆلەتنىڭ پادىشاھى ياش ۋە بىلىمسىز بولۇپ،

ۋەزىر-ۋۇزرالىرى بەزمىكەش بولسا، دۆلەت زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ.

17دۆلەتنىڭ پادىشاھى دانا، ئېسىلزادە بولۇپ،

ۋەزىرلىرى كەيپ ئۈچۈن ئەمەس، قۇۋۋەت ئۈچۈن ئۆز ۋاقتىدا غىزالىنىدىغان بولسا،

دۆلەت گۈللەپ ياشنايدۇ.

18ئۆگزەڭنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشى ھۇرۇنلۇقۇڭدىن،

ئۆگزەڭدىن يامغۇرنىڭ ئۆتۈشى بىكار تەلەپلىكىڭدىندۇر.

19زىياپەت خۇشاللىق ئۈچۈندۇر، شارابمۇ خۇشاللىق ئۈچۈندۇر،

پۇل بولسا ھەممە ئىش يۈرۈشۈپ كېتىدۇ.

20پادىشاھنى ھەتتا خىيالىڭدىمۇ تىللىما، باينى ھۇجراڭدىمۇ تىللىما،

چۈنكى قۇشلار سېنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىڭنى يەتكۈزۈپ قويۇشى،

ئۇچار-قاناتلىقلار سېنىڭ سۆزلىرىڭنى دەپ قويۇشى مۇمكىن.


11

ھاياتنى مۆلچەرلىمەك قىيىن

1مەبلىغىڭنى تاشقا سودىغا سال، ھامىنى بىر كۈنى پايدىغا ئېرىشىسەن.

2ئوخشىمىغان يەرلەرگە مەبلەغ سال،

چۈنكى بۇ دۇنيادا بېشىڭغا قانداق بالا-قازالارنىڭ كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيسەن.

3بۇلۇتلار تويۇنسا يامغۇر ياغىدۇ.

دەرەخ مەيلى قايسى تەرەپكە يىقىلسۇن،

ئۇ بەرىبىر يىقىلغان يېرىدە ياتىدۇ.

4ھاۋا رايىغا قارىساڭ، يەرگە مەڭگۈ ئۇرۇق چاچالمايسەن.

بۇلۇتلارغا قارىساڭ، مەڭگۈ ھوسۇل يىغالمايسەن.

5شامالنىڭ يۆنىلىشىنى، ئانىنىڭ قورسىقىدا ھامىلىنىڭ قانداق شەكىللىنىشىنى بىلگىلى بولمىغاندەك، ياراتقۇچى خۇدانىڭ ئىشلىرىنى بىلگىلى بولماس.

6ئۇرۇقلىرىڭنى سەھەر تۇرۇپ چاچقىن، كەچتىمۇ چاچقىن، چۈنكى سەن قايسى ئۇرۇقنىڭ ياخشى ئۆسىدىغانلىقىنى بىلمەيسەن. بەلكىم ئۇ، ياكى بۇ ياخشى ئۆسۈشى ۋە ياكى ھەر ئىككىلىسى ياخشى ئۆسۈشى مۇمكىن.

ياشلارغا ۋە ياشانغانلارغا مەسلىھەت

7يورۇقلۇق ھۇزۇرلۇقتۇر، ئادەم قۇياشنى كۆرۈپ، كۆڭلى خۇش بولىدۇ.

8ئادەم مەيلى قانچىلىك ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرسۇن، ھاياتىنى خۇشاللىقتا ئۆتكۈزۈشى كېرەك. لېكىن شۇنى بىلگىنكى، گۆردىكى قاراڭغۇ كۈنلەر تېخىمۇ ئۇزۇن بولىدۇ. كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان بارلىق ئىشلار بىھۇدىدۇر.

9ئەي ياش، ياشلىقىڭنى خۇشال ئۆتكۈز! ياشلىقىڭنىڭ ھەربىر مىنۇتىدىن ھۇزۇرلان! كۆڭلۈڭ تارتقان، ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەن ئىشلارنى قىل. لېكىن ئېسىڭدە بولسۇنكى، خۇدا قىلغان ھەربىر ئىشلىرىڭغا ھۆكۈم چىقىرىدۇ.

10قەلبىڭدىكى ئەندىشىلەر ۋە تېنىڭدىكى ئاغرىقلارنى ئويلىما، چۈنكى ياشلىق ۋە ئۇنىڭ ھاياتىي كۈچى بىھۇدىدۇر.


12

1ياش ۋاقتىڭدىن باشلاپ ياراتقۇچىڭنى ئېسىڭدە تۇت،

«كۈنلىرىمدە خۇشاللىق يوق» دەپ ئاھ ئۇرىدىغان

قېرى، ئاجىز چاغلىرىڭنىڭ كېلىشىنى كۈتمە.

2ئۇ چاغدا كۆزلىرىڭگە قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلار خىرەلىشىپ،

ئاسمىنىڭنى قارا بۇلۇتلار قاپلىغاندەك كۆرۈنىدۇ.

3ئائىلىنى بېقىۋاتقان قول، پۇتلىرىڭ تىترەيدۇ،

قاۋۇل تېنىڭ ئېگىلىپ، دوك بولۇپ قالىدۇ.

چىشلىرىڭ چۈشۈپ چاينىيالمايدىغان،

كۆزلىرىڭ ئاجىزلاپ، ئېنىق كۆرەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.

4قۇلىقىڭ ئېغىرلىشىپ،

يارغۇنچاقنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالمايدۇ،

قىزلارنىڭ بارلىق ناخشا ئاۋازلىرى يېقىملىق ئاڭلانمايدۇ،

لېكىن قۇشقاچنىڭ سايرىشلىرى سېنى ئويغىتىدۇ.

5ئۇ چاغدا ئېگىزدىن قورقىسەن،

يول ماڭساڭ ئالاقزادە بولىسەن،

چاچلىرىڭ بادام چېچىكىدەك ئاقىرىدۇ،

كۈچۈڭ خوراپ، ھەۋەسلىرىڭ يوقىلىدۇ.

ئۇ چاغدا مەڭگۈلۈك ماكانىڭغا قايتىسەن،

ھازا تۇتقانلار كوچىدا ئارقاڭدىن كېلىدۇ.

6كۈمۈش زەنجىر ئۈزۈلىدۇ، ئالتۇن قاچا يېرىلىدۇ،

كوزا بۇلاق بېشىدا چېقىلىدۇ، قۇدۇقتىن سۇ ئالىدىغان چىغرىق ئۈزۈلىدۇ.

7ئۇ چاغدا تەن تۇپراققا، روھ ھاياتلىق بەرگەن خۇداغا قايتىدۇ.

8«بىھۇدىدۇر، ھەممىسى بىھۇدىدۇر» دەيدۇ ھېكمەت ئىگىسى.

خۇلاسە

9ھېكمەت ئىگىسى دانا بولۇپلا قالماستىن، يەنە بىلىملىرىنى خەلققە ئۆگەتكۈچىدۇر. ئۇ ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق نۇرغۇن پەند-نەسىھەتلەرنى يېزىپ چىققان. 10ھېكمەت ئىگىسى ئادەمنى خۇرسەن قىلىدىغان سۆزلەر ئارقىلىق ھەقىقەتنى توغرا كۆرسىتىپ بەرگەن.

11دانالارنىڭ سۆزلىرى خۇددى پادىچىلارنىڭ قولىدىكى تاياققا ئوخشايدۇ، ئۇلارنىڭ توپلانغان ھېكمەتلىرى خۇددى تاياققا چىڭ قېقىلغان مىخلارغا ئوخشايدۇ. بۇ ھېكمەتلەرنى پادىچىسى بەرگەندۇر.

12ئەي ئوغلۇم، بۇ ھېكمەتلەردىن باشقا، يەنە بىر نەسىھەتىمگە قۇلاق سالغىن، كىتاب يېزىشنىڭ چېكى يوق. كىتابنى كۆپ ئوقۇپ كەتسەڭ، تېنىڭگە ھاردۇق يېتىدۇ.

13ھەممىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، مەن مۇنداق خۇلاسىغا كەلدىم:

خۇدادىن ئەيمىنىڭلار، ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، مانا بۇلار ئىنسان ھاياتىغا ھەقىقىي مەنە بېرىدۇ. 14ئادەمنىڭ قىلغان بارلىق ئىشلىرىغا، مەيلى ياخشى، ياكى يامان ئىشلىرى بولسۇن، ھەتتاكى يوشۇرۇن قىلغان ئىشلىرى بولسۇن، ھەممە ئىشلىرىغا خۇدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ.