خاباقۇق


1

1بۇ، خاباقۇق پەيغەمبەرگە كەلگەن ۋەھىيدۇر.

خاباقۇقنىڭ نالە قىلىشى

2ئى پەرۋەردىگار، قاچانغىچە نالە قىلسام قۇلاق سالارسەن؟

«زوراۋانلىق بولۇۋاتىدۇ!» دەپ چاقىرساممۇ قۇتقۇزمامسەن؟

3نېمە ئۈچۈن مېنى شۇنچىۋالا ناھەقچىلىكنى كۆرۈشكە زورلايسەن؟

نېمە ئۈچۈن يامانلىقنى كۆرۈپ تۇرۇپ پەرۋا قىلمايسەن؟

قاياققا قارىسام كۆرگىنىم ۋەيرانچىلىق ۋە زوراۋانلىق،

ھەممە يەردە جېدەل-ماجىرا، ئۇرۇش-تالاش.

4نەتىجىدە قانۇن كۈچىنى يوقاتقان،

ئادالەتمۇ ھەرگىز ئوتتۇرىغا چىقالمىغان.

رەزىللەر ھەققانىيلارنى قورشىۋالغان،

ئادالەت بۇرمىلانغان.

پەرۋەردىگارنىڭ جاۋابى

5يات ئەللەرگە قاراپ بېقىڭلار!

كۆرگەنلىرىڭلاردىن ھەيران-ھەس قالىسىلەر.

مەن سىلەرنىڭ بۇ زامانىڭلاردا بىر ئىش قىلماقچىمەنكى،

سىلەر ئاڭلاپمۇ ئىشەنمەيسىلەر.

6مانا، مەن رەھىمسىز ۋە قىزىققان بابىل خەلقىنى كۈچەيتمەكچىمەن.

ئۇلار جاھانغا يۈرۈش قىلىپ، باشقىلارنىڭ ماكانلىرىنى ئىگىلىۋالىدۇ.

7ئۇلار قورقۇنچلۇق، ۋەھشىي خەلقتۇر.

ئۇلار ئىنتايىن ھاكاۋۇر بولۇپ، ئۆز ئالدىغا پەتىۋا چىقىرىشىدۇ.

8ئۇلارنىڭ ئاتلىرى يىلپىزدىن چاققان،

گۇگۇمدىكى ئاچ بۆرىدىن ھوشياردۇر.

ئۇلارنىڭ ئاتلىقلىرى يىراقتىن چېپىشىپ كېلىپ،

ئولجىنى قاماللاش ئۈچۈن خۇددى بۈركۈتتەك شۇڭغۇپ چۈشىدۇ.

9ئۇلارنىڭ ھەممىسى زوراۋانلىق قىلىش ئۈچۈنلا كېلىدۇ.

قوشۇنلار خۇددى قۇملۇقتىكى بوراندەك باستۇرۇپ كېلىپ،

قۇمدەك ھېسابسىز كىشىلەرنى ئەسىر ئالىدۇ.

10ئۇلار پادىشاھلارنى مەسخىرە قىلىپ،

ھۆكۈمدارلارنى زاڭلىق قىلىدۇ.

ئۇلار شەھەر سېپىللىرىنى كۆرۈپ كۈلۈشۈپ كېتىدۇ،

ئۇلار توپا دۆۋىسى ياساپ سېپىلغا چىقىپ،

شەھەرلەرنى ئىشغال قىلىدۇ.

11ئۇلار شىددەتلىك بوراندەك تېز كېلىپ تېز ئۆتۈپ كېتىدۇ،

ئۇلار ئۆز كۈچىنى «ئىلاھ» دەپ بىلگەن گۇناھكارلاردۇر.

خاباقۇقنىڭ يەنە نالە قىلىشى

12ئى پەرۋەردىگار، مۇقەددەس خۇدايىم، سەن ئەزەلدىن بار خۇداسەن!

شۇنداق ئىكەن بىز يوقالمايمىز.

ئى پەرۋەردىگار، سەن ئۈستىمىزدىن ھۆكۈمىڭنى يۈرگۈزۈشكە بابىللىقلارنى تەيىنلىدىڭ.

ئى خۇدا، سەن مۇستەھكەم قورام تاشتۇرسەن، سەن بابىللىقلارنى بىزنى جازالاشقا تىكلىدىڭ.

13لېكىن كۆزلىرىڭ شۇنچە پاككى، رەزىللىككە قاراپ تۇرالمايسەن،

سەن يامانلىققا چىداپ تۇرالمايسەن.

شۇنداق ئىكەن سەن نېمە ئۈچۈن بۇ مەككارلارغا چىداپ تۇرىسەن؟

رەزىللەر ئۆزلىرىدىن ھەققانىيراق ئادەملەرنى يۇتۇۋاتسا،

نېمىشقا جىم تۇرىسەن؟

14سەن خەلقلەرنى دېڭىزدىكى بېلىقلاردەك قىلىپ قويدۇڭ،

باشلامچىسى يوق دېڭىز مەخلۇقلىرىدەك قىلىپ قويدۇڭ.

15بابىللىقلار قارماق بىلەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تۇتىدۇ،

ئۇلارنى تور تاشلاپ سۈزۈۋالىدۇ،

يايما تور تاشلاپ يىغىۋالىدۇ،

ئۇلار خۇشاللىقىدىن شادلىنىدۇ.

16شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئۆز تورىغا چوقۇنۇپ، ئۇنىڭغا قۇربانلىق قىلىدۇ.

يايما تورىغا كۈجە كۆيدۈرىدۇ.

چۈنكى ئۇلار بۇ تورلىرى بىلەن ھەشەمەتلىك ياشايدۇ،

ئۇلارنىڭ تائاملىرى ناھايىتى مولدۇر.

17ئۇلار قاچانغىچە توختىماستىن تورىنى تاشلاپ،

خەلقلەرنى داۋاملىق رەھىمسىزلەرچە قىرغىن قىلىدۇ؟


2

1مەن كۆزىتىش مۇنارىدا تۇرۇپ كۆزەتچىلىك قىلىمەن،

سېپىلدا تۇرۇپ قاراۋۇللۇق قىلىمەن.

پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا نېمە دەپ جاۋاب بېرىشىنى كۈتۈپ قاراپ تۇرىمەن،

شۇندىلا ئۇنىڭغا قىلغان شىكايەتلىرىم توغرىسىدا قانداق جاۋاب بېرىشنى بىلەلەيمەن.

پەرۋەردىگارنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق جاۋابى

2پەرۋەردىگار ماڭا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

«ساڭا ئايان قىلغان سۆزلىرىمنى يېزىۋال!

ئۇنى تاش تاختىغا ئېنىق قىلىپ پۈتكىن!

خەۋەرچى يۈگۈرۈپ كېتىۋېتىپ، ئۇنى ئاسان ئوقۇپ، جاكارلىيالايدىغان بولسۇن!

3چۈنكى بۇ ۋەھىي بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئەمەلگە ئاشىدۇ،

ئۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىش ۋاقتى تېزلا كېلىدۇكى، ھەرگىز يالغان بولۇپ چىقمايدۇ.

گەرچە ئاستا كېلىۋاتقاندەك بىلىنسىمۇ، سەۋر قىلىپ كۈتكىن.

ئۇ جەزمەن ئەمەلگە ئاشىدۇكى، ھەرگىز كېچىكتۈرۈلمەيدۇ.


4سۆزلىرىم شۇكى:

ئۆزىنى چوڭ تۇتقان ئادەمنىڭ قەلبى رەزىللىشىپ كەتكەن بولىدۇ.*

لېكىن ھەققانىيلار خۇداغا بولغان ساداقەتمەنلىكى بىلەن ياشايدۇ.

5ھاراق* بابىلغا خائىنلىق قىلىدۇ.

ئۇ ھاكاۋۇرلۇقىدىن ھېچقاچان جىم تۇرالمايدۇ.

ئۇ خۇددى جەسەتكە تويماس گۆرگە،

ياكى ئۆلۈكلەر ماكانىغا ئوخشاش ئاچ كۆزدۇر،

ئۇ ئەللەرنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ،

بارلىق خەلقلەرنى ئەسىرگە ئالىدۇ.


6لېكىن بۇ ئەللەر بابىللىقلارنى مەسخىرە ۋە تەنە گەپلەر بىلەن مازاق قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ:

‹ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي، مال-دۇنيا ئوغرىلاپ، دۆۋىلىگەنلەر!

ئالدامچىلىق بىلەن بېيىغانلار!

بۇ قىلمىشىڭلار قاچانغىچە داۋاملىشار؟›

7قەرزدارلار توساتتىنلا قوزغالماسمۇ؟

ئۇلارنىڭ قوزغىلىشى سىلەرنى شۈركەندۈرمەسمۇ؟

ئۇ چاغدا سىلەر ئۇلارنىڭ ئولجىسى بولىسىلەر.

8چۈنكى سىلەر نۇرغۇن ئەللەرنى تالان-تاراج قىلدىڭلار،

شۇڭا ئۇلارنىڭ ھايات قالغانلىرى ئەمدى سىلەرنىمۇ تالان-تاراج قىلىدۇ.

چۈنكى سىلەر كىشىلەرنىڭ قېنىنى تۆكۈپ،

ئۇلارنىڭ زېمىن ۋە شەھەرلىرىنى پۇقرالىرى بىلەن قوشۇپ ھالاك قىلدىڭلار.


9ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي ناھەق يول بىلەن پۇل تېپىپ، ئۆيىنى مال-دۇنياغا تولدۇرغانلار!

زىيان-زەخمەتتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇۋىسىنى ئېگىز يەرگە قۇرغانلار!

10ئۆز سۇيىقەستلىرىڭلار ئۆز نامىڭلارغا داغ چۈشۈرىدۇ،

سىلەر نۇرغۇن خەلقلەرنى يوقاتقانلىقىڭلار ئۈچۈن،

ئۆزۈڭلارغا ھالاكەت ئېلىپ كېلىسىلەر.

11ئۆيۈڭلارنىڭ تېمىدىكى تاشلار سىلەرگە قارشى توۋلىشار،

تورۇستىكى ياغاچ لىملارمۇ سىلەرگە ئەكس-سادا قايتۇرار.


12ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي قان تۆكۈش بەدىلىگە شەھەر قۇرغانلار،

رەزىللىك بىلەن شەھەر بەرپا قىلغانلار!

13قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئىنسانلارنىڭ بايلىقىنىڭ ئوتقا ئوتۇن بولىدىغانلىقىنى،

ئەللەرنىڭ بىھۇدە مېھنەت قىلىپ ھالىدىن كېتىدىغانلىقىنى ئىرادە قىلغان ئەمەسمۇ؟

14خۇددى سۇلار دېڭىزنى تولدۇرغاندەك،

پۈتۈن يەر يۈزى پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى بىلىش بىلەن تولدۇرۇلىدۇ.


15ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي قوشنا ئەللەرگە ھاراق ئىچكۈزگەنلەر!

سىلەر ئۇلارنىڭ يالىڭاچ ھالىتىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئۇلارغا تۇلۇملاپ ھاراق ئىچكۈزىسىلەر.

16سىلەر شان-شەرەپگە ئېرىشمەستىن، بەلكى شەرمەندىلىكتە قالىسىلەر.

ئىچىش! سەنلەرنىڭ خەتنىسىزلىكىڭلار ئاشكارىلانسۇن!

پەرۋەردىگارنىڭ ئوڭ قولىدىكى ئازابقا تولغان قەدەھتىكى شارابنى ئىچىش نۆۋىتى سەنلەرگە كەلدى.

شان-شەرىپىڭلار شەرمەندىلىككە ئايلىنىدۇ.

17سىلەر لىۋان ئورمانلىقلىرىنى كېسىپ تاشلىغان بولساڭلار،

ئەمدى ئۆزۈڭلارمۇ شۇنداق كېسىپ تاشلىنىسىلەر!

ھايۋانلارنى قىينىغان بولساڭلار،

ئەمدى سىلەرمۇ ۋەھىمىگە چۈشىسىلەر!

چۈنكى سىلەر كىشىلەرنىڭ قېنىنى تۆكۈپ،

زېمىن ۋە شەھەرلىرىنى پۇقرالىرى بىلەن قوشۇپ ھالاك قىلدىڭلار.


18بۇتنىڭ قولىدىن نېمە ئىش كەلسۇن؟

ئۇنى ئادەم ئويۇپ چىققانغۇ!

يالغانچىلىققا ئىشەندۈرىدىغان قۇيما بۇتلارنىڭمۇ نېمە پايدىسى بار؟

ئۆزى ياسىۋالغان، گەپ قىلالمايدىغان بۇتقا چوقۇنۇش نېمىدېگەن ئەخمەقلىق-ھە!

19ياغاچقا: ‹ئويغان!›، جانسىز تاشقا: ‹تۇر!› دېگۈچىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي!

بۇ بۇتلار سىلەرگە يول كۆرسىتەلەمدۇ؟

قاراپ بېقىڭلارچۇ، گەرچە ئۇنىڭ سىرتى ئالتۇن-كۈمۈش بولسىمۇ،

ئۇ بىر جانسىز نەرسىغۇ!

20پەرۋەردىگار بولسا ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدىدۇر،

پۈتكۈل جاھان ئۇنىڭ ئالدىدا شۈك بولسۇن.»



*4 بۇ جۈملە ئىبرانىي تىلىدا: «ئۆزىنى چوڭ تۇتقان ئادەم ھالاك بولىدۇ» دېگەن مەنىدە بولۇشىمۇ مۇمكىن.

*5 ھاراق _ ئىبرانىي تىلىدا «بايلىق» دېگەن مەنىدىمۇ بولۇشى مۇمكىن.



 

3

خاباقۇق پەيغەمبەرنىڭ دۇئاسى

1خاباقۇق پەيغەمبەرنىڭ دۇئاسى: («شىگيونوت»* بويىچە ئېيتىلغان)


2ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ شۆھرىتىڭنى ئاڭلىدىم،

ئەيمىنەرمەن ئۇلۇغۋار ئىشلىرىڭدىن، ئى پەرۋەردىگار.

زامانىمىزدا شۇ ئىشلارنى قايتا قىلغايسەن،

شۇ ئۇلۇغۋار ئىشلىرىڭنى قايتا كۆرسەتكەيسەن،

غەزەپلەنگەندىمۇ رەھىمدىللىكىڭنى ئېسىڭدىن چىقارمىغايسەن.


3كۆردۈمكى كەلگەنلىكىنى خۇدانىڭ تېمان زېمىنىدىن،

كۆردۈمكى چۈشكەنلىكىنى مۇقەددەس خۇدانىڭ پاران تېغىدىن.

سېلاھ*

ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقى كۆكنى قاپلىدى،

تولدى پۈتكۈل يەر-زېمىن ئۇنىڭغا ئېيتىلغان ھەمدۇسانالارغا.

4ئۇنىڭ جۇلاسى خۇددى تاڭ نۇرىدەك پارلاق،

قۇدرەت يوشۇرۇنغان قولىدىن چېقىلار چاقماق.


5قورقۇنچلۇق كېسەللەر يۈرەر ئۇنىڭ ئالدىدا،

ۋە ھەم كېلەر ۋابا ئۇنىڭ ئارقىسىدا.

6توختىغاندا ئۇ، كېلەر لەرزىگە جاھان،

نەزەر سالغىنىدا تىترىشەر خەلق ھامان.

بولسىمۇ قەدىمىي تاغلار كۇكۇم-تالقان،

تۈزلىنىپ كەتسىمۇ ئەبەدىي داۋان،

ئۆزگەرمەس ئۇنىڭ قىلغانلىرى ھامان.

7كۆردۈمكى چېدىرلاردىكى غەمگە پاتقان كۇشان قەبىلىسىنى،

كۆردۈمكى چېدىرلاردىكى ۋەھىمىدىن تىترىگەن مىديان خەلقىنى.


8ئى پەرۋەردىگار، ئاچچىقلانغانمىدىڭ دەريالارغا؟

غەزەپلەنگەنمىدىڭ ئېقىنلارغا؟

ئاتلىرىڭنى مىنىپ، غەلىبىلىك جەڭ ھارۋىلىرىڭنى ھەيدىگىنىڭدە،

تاشقانمىدى قەھرىڭ دېڭىزلارغا؟


9تۇرار ئوقيايىڭ جەڭگە تەييار،

تۇرار ئوقداندا لىق ئوقلار. سېلاھ

ئايرىدىڭ تاشقىن بىلەن يەر يۈزىنى،

10تەۋرەندى تاغلار كۆرگەندە سېنى.

كەلكۈن كېلىپ، سۇلار ئۆركەشلەپ،

يەتتى پەلەككە شاۋقۇنلىرى.

11چاقنىشىدا ئۇچۇۋاتقان ئوقلىرىڭنىڭ،

جۇلاسىدا پارقىراق نەيزەڭنىڭ،

توختاپ قالدى كۈن بىلەن ئاي ئەرشتە.

12زېمىنغا تاشلىدىڭ قەدەم غەزىپىڭدە،

ئېزىپ تاشلىدىڭ ئەللەرنى قەھرىڭدە.


13ياق! بەلكى كەلدىڭ ئۆز خەلقىڭنى قۇتقۇزۇشقا،

تاللىغىنىڭغا نىجاتلىق بېرىشكە.

سەن رەزىللەرنىڭ يول باشلامچىسىنى ئۇردۇڭ،

ۋەيران قىلدىڭ پۈتۈنلەي ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى.

14يوقاتتىڭ ئۆز قورالى بىلەن دۈشمەننىڭ سەركەردىسىنى.

بوراندەك ئاتلانغانىدى تارقىتىۋېتىشكە ئۇلار بىزنى،

كۆرەڭلىگەن بىزنى ئاسان قولغا كېلىدىغان ئولجا دەپ.

15ئاتلىرىڭ بىلەن چەيلەپ، چالغىتتىڭ دېڭىزنى،

تاشقىنلاتتىڭ دېڭىزدىكى ئۇلۇغ سۇلارنى.


16ئاڭلاپ بۇلارنى شۈركۈندى تېنىم.

شاۋقۇندىن ھەم تىترىدى لېۋىم.

قورقۇنچتىن بوشاپ كەتتى سۆڭەكلىرىم،

غال-غال تىترەپ، دەلدەڭشىپ تۇرالماي قالدىم.

كۈتەرمەن شۇندىمۇ سەۋرچانلىق بىلەن،

بىزگە ھۇجۇم قىلغۇچىلارغا بالايىئاپەت كېلىدىغان كۈنگىچە.

17مەيلى مېۋە بەرمىسۇن ئەنجۈر دەرىخى،

ياكى يوق بولسۇن تاللاردا ئۈزۈم،

مەيلى مېۋە بەرمىسۇن زەيتۇن دەرىخى،

ياكى بەرمىسۇن ئېتىزلار ھوسۇل،

مەيلى يوقىلىپ كەتسۇن قوتاندىكى قويلار،

ۋە ياكى يوقىلىپ كەتسۇن ئېغىلدىكى كالىلار،

18شادلىنارمەن يەنىلا پەرۋەردىگاردىن،

خۇشاللىق تاپارمەن نىجاتكارىم خۇدادىن.

19كۈچ-قۇۋۋىتىمدۇر مېنىڭ ئىگەم پەرۋەردىگار.

پۇتلىرىمنى قىلار ئۇ كېيىكنىڭكىدەك،

ماڭالارمەن شۇندا مەن ئېگىز تاغلاردا.

(تارلىق سازلار تەڭكىشىدە ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.)



*1 شىگيونوت _ «شىگيونوت»نىڭ مەنىسى نامەلۇم بولۇپ، ئۇ مەلۇم مېلودىيەنىڭ ياكى مەلۇم مۇزىكىلىق كۆرسەتمە بولۇشى مۇمكىن.

*3 سېلاھ _ بۇ سۆز مۇزىكا ئىلمىدىكى بىر ئاتالغۇ بولۇشى مۇمكىن. «زەبۇر» 3-مۇناجات 2-ئايەتكە قارالسۇن.