« تىموتىيغا يېزىلغان بىرىنچى خەت »




1

1قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدانىڭ ۋە ئۈمىدىمىز بولغان ئەيسا مەسىھنىڭ ئەمرى بىلەن ئۇنىڭ ئەلچىسى بولۇشقا تاللانغان مەنكى پاۋلۇستىن 2ئېتىقاد يولىدا ئۆز ئوغلۇمدەك بولۇپ قالغان تىموتىيغا سالام. خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ساڭا مېھىر-شەپقەت، رەھىمدىللىك ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي!

ساختا تەلىملەرنى توسۇش

3ماكېدونىيە ئۆلكىسىگە بارغاندا ساڭا ئېيتقىنىمدەك، سېنىڭ داۋاملىق ئەفەس شەھىرىدە قېلىپ، ئاراڭلاردىكى بەزى كىشىلەرنىڭ ناتوغرا تەلىملەرنى تارقىتىشىنى توسۇشۇڭنى سورايمەن. 4ئۇلارغا ئەپسانىلەر ۋە ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا سوزۇلغان نەسەبنامىلەر بىلەن ۋاقتىنى ئىسراپ قىلماسلىقىنى بۇيرۇغىن. بۇلار پەقەت بىمەنە تالاش-تارتىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنداقلا ئېتىقاد بىلەن قىلىنىدىغان خۇدا يولىدىكى ئىشلارنى قىلىشقا پايدىسىز بولىدۇ. خۇدا يولىدا مېڭىش پەقەت ئېتىقاد ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشىدۇ. 5بىزنىڭ بۇنداق بۇيرۇق قىلىشىمىزدىن مەقسەت، پاك قەلب، ساپ ۋىجدان ۋە چىن ئېتىقادتىن كېلىپ چىققان مېھىر-مۇھەببەتنى باشقىلارغا كۆرسىتىشىڭلار ئۈچۈندۇر. 6بەزى كىشىلەر بۇ تەلىمدىن چەتنەپ، بىمەنە گەپلەرنى قىلىپ يۈرىدۇ. 7ئۇلارنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن تەۋرات قانۇنىنىڭ ئۆلىماسى، دەپ ئاتالغۇسى بار. بىراق، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ياكى ئۆزلىرىنىڭ ئىشەنچ بىلەن ئېيتقان سۆزلىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيدۇ.

8بىزگە مەلۇمكى، ئەگەر كىشىلەر تەۋرات قانۇنىنى توغرا قوللانسا، ئۇ پايدىلىقتۇر. 9بىز يەنە شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، تەۋرات قانۇنى خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە بويسۇنىدىغان ئادەملەر ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ناتوغرا ئىشلارنى قىلغۇچىلار ئۈچۈن تۈزۈلگەندۇر، يەنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار، بوينى قاتتىقلار، خۇدا يولىدا ماڭمىغانلار، گۇناھكارلار، خۇداغا بىپەرۋالىق قىلغۇچىلار، خۇدانى مەسخىرە قىلغۇچىلار، ئاتا-ئانىسىنى ياكى باشقىلارنى ئۆلتۈرگەن قاتىللار، 10زىناخورلار، ئوخشاش جىنستىكى بۇزۇقلار، قۇل سودىگەرلىرى، يالغانچىلار، قەسەمخورلار ۋە باشقا قىلمىشلار بىلەن توغرا تەلىملەرگە خىلاپلىق قىلغان كىشىلەر ئۈچۈن تۈزۈلگەندۇر. 11بۇ تەلىملەر مەدھىيىلەشكە مۇناسىپ بولغان خۇدا تەرىپىدىن ماڭا ئامانەت قىلىنغان ئۇلۇغ خۇش خەۋەرگە ئاساسلانغان.

خۇدانىڭ رەھىمدىللىكىگە شۈكۈر

12ماڭا كۈچ-قۇدرەت بەرگەن رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە شۈكۈر ئېيتىمەن. چۈنكى، ئۇ مېنى ئىشەنچلىك دەپ قاراپ، ئۆز خىزمىتىگە تەيىنلىدى. 13مەن بۇرۇن ئەيسا مەسىھكە كۇپۇرلۇق قىلىپ، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارغا زىيانكەشلىك قىلغان رەھىمسىز بىر ئادەم بولساممۇ، ئۇ يەنىلا ماڭا رەھىم قىلدى. چۈنكى، مەن بۇ ئىشلارنى نادانلىق ۋە ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقادسىزلىقتىن قىلغانىدىم. 14رەببىمىز ماڭا مول مېھىر-شەپقىتىنى كۆرسىتىپ، مېنى ئەيسا مەسىھتىن كېلىدىغان ئېتىقاد ۋە مېھىر-مۇھەببەت بىلەن تولدۇردى. 15«ئەيسا مەسىھ گۇناھكارلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن دۇنياغا كەلدى» دېگەن بۇ سۆز ھەقتۇر ۋە ئۇنى قوبۇل قىلىشقا پۈتۈنلەي ئەرزىيدۇ. مەن گۇناھكارلار ئىچىدىكى ئەڭ ئۇچىغا چىققان گۇناھكار بولىمەن. 16لېكىن، ئەيسا مەسىھ ماڭا رەھىم-شەپقەت قىلدى. بۇنىڭدىن مەقسەت، ئۇ ئۆزىنىڭ مەندەك ئۇچىغا چىققان بىر گۇناھكارغا چەكسىز سەۋر-تاقەت كۆرسىتىشى ئارقىلىق باشقىلارغا ئۈلگە قالدۇرۇشتۇر، يەنى بۇ كېيىن ئۆزىگە ئېتىقاد قىلىپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدىغانلارغا بېرىلگەن ئۈلگىدۇر. 17بارلىق ھۆرمەت ۋە شان-شەرەپ خۇداغا ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپتۇر. ئۇ مەڭگۈلۈك پادىشاھ، يەنى ئۆلمەيدىغان ۋە كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان بىردىنبىر خۇدادۇر، ئامىن!

18ئەي، ئوغلۇم تىموتىي، بۇرۇن سەن توغرۇلۇق ئېيتىلغان ۋەھىيلەرگە ئاساسەن بۇ بۇيرۇقلارنى ساڭا تاپشۇرىمەن. بۇ ۋەھىيلەرنى قورال قىلساڭ، رەببىمىز ئۈچۈن ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى قىلالايسەن. 19ئېتىقادتا ۋە پاك ۋىجدانىڭدا چىڭ تۇر. بەزىلەر پاك ۋىجدانىنى بىر ياققا قايرىپ قويدى. نەتىجىدە، ئۇلارنىڭ ئېتىقادى خۇددى خادا تاشقا ئۇرۇلغان كېمىگە ئوخشاش ۋەيران بولدى. 20ئىمېنېي ۋە ئىسكەندەرلەر مانا شۇنداق كىشىلەردىندۇر. ئۇلارنى كۇپۇرلۇق قىلماسلىقنى ئۆگەنسۇن دەپ، شەيتاننىڭ ئىلكىگە قايتۇردۇم.*



*20بۇ، ئېتىقاد يولىدىن چەتنىگەن كىشىلەرنى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدىن چىقىرىۋېتىش دېگەنلىكتۇر. بۇنداقلار گۇناھىنى تونۇمىغۇچە قوبۇل قىلىنمايتتى.



 

2

دۇئا ۋە ئىبادەت

1ئالدى بىلەن سەندىن ۋە بارلىق ئېتىقادچىلاردىن پۈتكۈل ئىنسان ئۈچۈن خۇدادىن تىلەكلەر تىلەشنى، خۇداغا دۇئا-تىلاۋەت قىلىشنى، باشقىلار ئۈچۈن مۇراجىئەت قىلىشنى ۋە خۇداغا شۈكۈرلەر ئېيتىشنى، 2بولۇپمۇ پادىشاھلار ۋە بارلىق ئەمەلدارلار ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەت قىلىشنى ئۆتۈنىمەن. بۇنداق بولغاندا، بىز ئامان-ئېسەن ھايات كەچۈرەلەيمىز. شۇنداقلا، ھاياتىمىز خۇداغا بولغان ئىخلاسمەنلىك ۋە ھۆرمەت بىلەن تولىدۇ. 3بۇنداق دۇئا-تىلاۋەت قىلىش ياخشىدۇر. ئۇ، قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ. 4خۇدا پۈتكۈل ئىنساننىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ۋە ئۇلارنىڭ ھەقىقەتنى تونۇشىنى خالايدۇ. 5چۈنكى، خۇدا بىردۇر، خۇدا بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدىكى كېلىشتۈرگۈچىمۇ بىردۇر. ئۇ بولسىمۇ ئىنسان تېنىدە دۇنياغا كەلگەن ئەيسا مەسىھتۇر. 6ئىنسانلارنىڭ گۇناھتىن ئازاد بولۇشى ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھ ئۆزىنى قۇربان قىلىپ بەدەل تۆلىدى. خۇدا بۇنىڭغا دەل ۋاقىت-سائىتىدە گۇۋاھلىق بەردى. 7مەن يەھۇدىي ئەمەسلەرگە بۇ ئىشلارنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن جاكارچى ۋە ئەلچى بولۇپ تەيىنلىنىپ، ئۇلارغا ئېتىقاد ۋە ھەقىقەتنى ئۆگىتىشكە ئەۋەتىلدىم. مېنىڭ بۇ سۆزلىرىمنىڭ ھەممىسى راست، مەن يالغان گەپ قىلمىدىم.

8شۇڭا، مەن شۇنى ئۈمىد قىلىمەنكى، ئېتىقادچى ئەرلەر مەيلى قەيەردە بولسۇن، ھەر قېتىم دۇئاغا جەم بولغاندا باشقىلارغا غەزەپلەنمەي، دەتالاش قىلماي، توغرا ئەمەللىك قوللىرىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلسۇن. 9ئاياللار چاكىنا كىيىنمەي، مۇۋاپىق ۋە ئەخلاقلىق كىيىنىشى كېرەك. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئالاھىدە ياسىۋالغان چاچلىرى، ئالتۇن-كۈمۈش، ئۈنچە-مەرۋايىت ۋە ئېسىل كىيىم-كېچەكلەر بىلەن ئەمەس، 10بەلكى ياخشى ئەمەلىيىتى بىلەن پەردازلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ، خۇدا يولىدا ماڭىمەن دەيدىغان ئاياللارغا يارىشىدۇ. 11ئېتىقادچىلار جەم بولۇپ تەلىم ئالغاندا، ئاياللار تىنچ ئولتۇرۇپ، ئىتائەتمەنلىك بىلەن تەلىم ئالسۇن. 12ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە تەلىم بېرىشى ياكى ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرۈشىگە رۇخسەت قىلمايمەن. ئەكسىچە، ئۇلار تىنچ ئولتۇرۇپ تەلىم ئالسۇن. 13چۈنكى، ئاۋۋال ئادەمئاتا، كېيىن ھاۋائانا يارىتىلغان. 14ئاۋۋال شەيتان تەرىپىدىن ئازدۇرۇلغان ئادەمئاتا ئەمەس، بەلكى ھاۋائانا بولۇپ، ئۇ گۇناھ سادىر قىلغان. 15لېكىن، ئاياللار ھاۋائانىنىڭ نەسلىدىن تۇغۇلغان ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلىدۇ.* بىراق، ئۇلار چوقۇم ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇپ، مېھىر-مۇھەببەتلىك بولۇپ، پاك ۋە ئەخلاقلىق ياشىشى كېرەك.



*15بۇ ئايەتنىڭ بىرىنچى جۈملىسىنى «لېكىن، ئاياللار بالا تۇغۇش ۋە ئۇنى بېقىش جەريانىدا ئېتىقاد ئارقىلىق ئېرىشىدىغان قۇتقۇزۇلۇشتىن بەھرىمەن بولالايدۇ» ۋە ياكى «لېكىن، ئاياللار خۇدانىڭ لەنىتىگە ئۇچرىغانلىقتىن تۇغۇتى قىيىن ۋە خەتەرلىك بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن ساق-سالامەت ئۆتۈپ كېتىدۇ» دەپ چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ.



 

3

ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ باشلامچىلىرى

1«ئەگەر بىر كىشى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە باشلامچى بولۇشقا ئىنتىلسە، ئۇ ياخشى بىر ۋەزىپىنى ئارزۇ قىلغان بولىدۇ» دېگەن بۇ سۆز ھەقتۇر. 2جامائەتچىلىك باشلامچىسى بولسا ئەيىبلىنىدىغان تەرىپى بولمىغان، ئايالىغا سادىق، ئۆزىنى تۇتۇۋالغان، سالماق، ھۆرمەتكە سازاۋەر، مېھماندوست، باشقىلارغا خۇدا توغرىسىدا تەلىم بېرەلەيدىغان بولۇشى، 3شۇنداقلا، ھاراقكەش ۋە زوراۋان بولماسلىقى، خۇش پېئىل، گەپ تالاشمايدىغان، ئۆزىنى مال-دۇنياغا ئۇرمايدىغان كىشى بولۇشى، 4ئۆز ئائىلىسىنى ياخشى باشقۇرالايدىغان بولۇشى، پەرزەنتلىرىنى ئۆز ئاتا-ئانىسىغا ھۆرمەت بىلەن بويسۇنىدىغان قىلىپ تەربىيىلىيەلەيدىغان كىشى بولۇشى كېرەك. 5چۈنكى، ئۆز ئائىلىسىنى باشقۇرۇشنى بىلمەيدىغان كىشى خۇدانىڭ جامائەتچىلىكىنىڭ ھالىدىن قانداقمۇ خەۋەر ئالالىسۇن؟ 6جامائەتچىلىك باشلامچىسى يېڭى ئېتىقادچىلاردىن بولماسلىقى كېرەك. ئەگەر ئۇنداق بولسا، ئۇ تەكەببۇرلىشىپ كېتىشى مۇمكىن. بۇنىڭ بىلەن، ئۇمۇ شەيتانغا ئوخشاش تەكەببۇرلاشقانلىقى ئۈچۈن، خۇدانىڭ سورىقىغا ئۇچرايدۇ. 7ئۇ جامائەتچىلىكنىڭ سىرتىدىمۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا، باشقىلار ئۇنى ئەيىبلىيەلمەيدۇ ۋە شەيتانمۇ ئۇنى ئالدام خالتىسىغا چۈشۈرەلمەيدۇ.

ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ خىزمەتچىلىرى*

8خۇددى جامائەتچىلىكنىڭ باشلامچىلىرىگە ئوخشاش، جامائەتچىلىكنىڭ خىزمەتچىلىرىمۇ ئېسىل پەزىلەتلىك، سەمىمىي گەپ قىلىدىغان، ھاراق-شارابقا بېرىلمەيدىغان، مال-دۇنياغا تەمەخور بولمايدىغان كىشىلەردىن بولۇشى، 9پاك ۋىجدانى بىلەن ئېتىقادنىڭ چوڭقۇر ھەقىقىتىدە چىڭ تۇرالايدىغان بولۇشى لازىم. 10بۇنداق ئادەملەرنى ئالدى بىلەن سىناپ كۆرۈپ، ئەيىبلىنىدىغان تەرەپلىرى بولمىسا، ئاندىن ۋەزىپىگە قويۇش كېرەك. 11خۇددى شۇنىڭدەك، بۇ خىزمەتچىلەرنىڭ ئاياللىرىمۇ* ئېسىل پەزىلەتلىك، پىتنە-پاسات قىلمايدىغان، ئۆزىنى تۇتۇۋالغان ۋە ھەرقانداق ئىشتا ئىشەنچلىك بولغانلاردىن بولۇشى لازىم. 12خىزمەتچىلەر ئۆز ئايالىغا سادىق، ئۆز پەرزەنتلىرى ۋە ئۆز ئائىلىسىنى ياخشى باشقۇرىدىغان كىشىلەردىن بولسۇن. 13جامائەتچىلىك ئىچىدە ئۆز ۋەزىپىسىنى ياخشى ئورۇندىغان خىزمەتچىلەر باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشتىكى ئىشەنچىمۇ زور ئاشىدۇ.

چوڭقۇر سىر

14مەن گەرچە سېنى تېزرەك يوقلاپ بېرىشنى ئارزۇ قىلساممۇ، يەنىلا بۇ خەتنى يازدىم. 15ئەگەر مەن يېنىڭغا ۋاقتىدا بارالمىسام، بۇ خېتىم ساڭا خۇدانىڭ ئائىلىسى ئىچىدە قانداق ياشاش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ ئائىلە بولسا مەڭگۈ ھايات خۇداغا مەنسۇپ بولغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدۇر. بۇ جامائەتچىلىك ھەقىقەتنىڭ تۈۋرۈكى ۋە ئاساسىدۇر. 16ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ئېتىقادىمىزنىڭ سىرى بۈيۈكتۇر:

ئەيسا مەسىھ ئىنسان تېنىدە ئايان بولدى،

مۇقەددەس روھ ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىنى ئىسپاتلىدى،

ئۇ پەرىشتىلەرگە كۆرۈندى،

ئۇ توغرىسىدىكى خەۋەر پۈتكۈل مىللەتلەرگە جاكارلاندى،

ئىنسانلار ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى،

ئۇ ئۇلۇغلۇق ئىچىدە ئەرشكە كۆتۈرۈلدى.



*8خىزمەتچىلەر _ ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدە يېتەكچىنىڭ ياردەمچىسى بولۇپ، ئۇ ھەر خىل ئەمەلىي ئىشلارغا مەسئۇل كىشىدۇر.

*11ياكى «ئايال خىزمەتچىلىرىمۇ…»



 

4

ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر

1مۇقەددەس روھ شۇنى بىزگە ئوچۇق ئېيتىدۇكى، ئاخىر زاماندا بەزىلەر ئېتىقادتىن تېنىپ، ھىيلىگەر جىنلار ۋە ئۇلارنىڭ ساختا تەلىملىرىگە ئەگىشىدۇ. 2بۇنداق تەلىملەر ۋىجدانى يوقاپ كەتكەن يالغانچى ساختىپەزلەر تەرىپىدىن دۇنياغا تارقىلىدۇ. 3بۇ يالغانچىلار نىكاھلىنىشنى ۋە بەزى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشنى مەنئى قىلىدۇ. ھالبۇكى، بۇ يېمەكلىكلەرنى خۇدا ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغان ھەم ھەقىقەتنى بىلىدىغانلارنىڭ شۈكۈر ئېيتىپ قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن ياراتقان. 4خۇدا ياراتقان ھەممە نەرسە ياخشىدۇر. ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى چەكلەنگەن ئەمەس، ئۇلارنى شۈكۈر ئېيتىپ قوبۇل قىلسا بولىدۇ. 5چۈنكى، ھەممە نەرسە خۇدانىڭ سۆزى ۋە ئىنسانلارنىڭ دۇئاسى بىلەن ھالال بولىدۇ.

ئەيسا مەسىھنىڭ ياخشى خىزمەتكارى

6بۇ نەسىھەتلەرنى قېرىنداشلىرىڭنىڭ سەمىگە سالساڭ، ئەيسا مەسىھنىڭ ياخشى خىزمەتكارى بولغان بولىسەن. شۇنداقلا، سېنىڭ ئۆزۈڭ ئەگەشكەن ئېتىقاد توغرىسىدىكى ھەقىقەت ۋە توغرا تەلىملەر بىلەن ئوزۇقلانغانلىقىڭ ئايان بولىدۇ. 7خۇدانىڭ ھەقىقىتىنى بۇرمىلايدىغان بىمەنە ئەپسانىلەرنى رەت قىلىپ، ئۆزۈڭنى ئىخلاسمەنلىك يولىدا يېتىلدۈرگىن. 8بەدەننى يېتىلدۈرۈشنىڭ پايدىسى بار، ئەلۋەتتە. لېكىن، ئىخلاسمەنلىكنى يېتىلدۈرۈشنىڭ پايدىسى تېخىمۇ كۆپتۇر. چۈنكى ئۇ، بۇ دۇنيا ۋە ئۇ دۇنيادىكى ھايات ئۈچۈن بەخت ئېلىپ كېلىدۇ. 9بۇ سۆزلەر ھەقتۇر ۋە پۈتۈنلەي قوبۇل قىلىشقا ئەرزىيدۇ. 10بۇنىڭ ئۈچۈن ئەجىر سىڭدۈرۈۋاتىمىز ۋە كۈرەش قىلىۋاتىمىز. چۈنكى، ئۈمىدىمىزنى پۈتكۈل ئىنساننىڭ، بولۇپمۇ ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى _ مەڭگۈ ھايات خۇداغا باغلىدۇق.

11بۇ ئىشلارنى قېرىنداشلىرىڭغا تاپىلىغىن ۋە ئۆگەتكىن. 12باشقىلار سېنى ياش، دەپ ساڭا سەل قارىمىسۇن. سەن سۆزلىرىڭدە، ئەمەلىيىتىڭدە مېھىر-مۇھەببەت، ئېتىقاد ۋە پاكلىقتا ئېتىقادچىلارغا ئۈلگە بول. 13مەن سېنى يوقلاپ بارغۇچە، ئۆزۈڭنى جامائەتچىلىككە مۇقەددەس يازمىلار ئوقۇپ بېرىش، نەسىھەت قىلىش ۋە تەلىم بېرىشكە بېغىشلىغىن. 14مۇقەددەس روھ ساڭا ئاتا قىلغان قابىلىيەتكە بىپەرۋالىق قىلما. بۇ قابىلىيەت خۇدانىڭ ۋەھىيسى ۋە جامائەتچىلىك يېتەكچىلىرىنىڭ قوللىرىنىڭ ئۇچاڭغا تېگىشى* ئارقىلىق ساڭا بېرىلگەن. 15شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ ئىشلارنى جان-دىلىڭ بىلەن قىل. ئۆزۈڭنى ئۇلارغا شۇنداق ئاتىغىنكى، ھەممە كىشى سېنىڭ ئالغا باسقانلىقىڭنى كۆرسۇن. 16ئۆزۈڭگە ۋە بەرگەن تەلىمىڭگە دىققەت قىل ھەمدە ئۇنى ئىزچىل داۋاملاشتۇر. چۈنكى، شۇنداق قىلساڭ، ئۆزۈڭمۇ ۋە ساڭا قۇلاق سالغانلارمۇ قۇتقۇزۇلىدۇ.



*14جامائەتچىلىك يېتەكچىلىرى ئېتىقادچىنى بىرەر ۋەزىپىگە تەيىنلىگەندە، قوللىرىنى ئۇنىڭ ئۇچىسىغا قويۇپ تۇرۇپ دۇئا قىلىدۇ.



 

5

ئېتىقادچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى

1ياشانغان ئەرلەر سەۋەنلىك ئۆتكۈزسە، ئۇلارنى قاتتىق ئەيىبلىمىگىن. ئەكسىچە، ئۇلارغا ئاتاڭنى ھۆرمەتلىگەندەك ھۆرمەت بىلەن نەسىھەت بەرگىن. شۇنىڭدەك، ياش ئەرلەرگە ئۆز قېرىنداشلىرىڭغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىل. 2ياشانغان ئاياللارغا ئاناڭغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىل. ياش ئاياللارغىمۇ سىڭىللىرىڭغا مۇئامىلە قىلغاندەك پاك قەلب بىلەن مۇئامىلە قىل.

3ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن، ھەقىقىي موھتاجلىقتا قالغان تۇل ئاياللارنى ھۆرمەتلەپ، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئال. 4لېكىن، تۇل ئاياللارنىڭ پەرزەنتلىرى ياكى نەۋرىلىرى بولسا، ئۇ پەرزەنتلەر ئالدى بىلەن ئۆز ئائىلىسىدىن خەۋەر ئېلىپ، ئېتىقادىنى ئەمەلىيەتكە ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەجرىنى ياندۇرسۇن. چۈنكى بۇ، خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ. 5ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن ئىگە-چاقىسىز تۇل ئاياللار ئۈمىدىنى خۇداغا باغلىغان بولۇپ، ئۇلار كېچە-كۈندۈز دۇئا-تىلاۋەتتە بولىدۇ. 6لېكىن، ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن، ھۇزۇر-ھالاۋەت ئۈچۈنلا ياشايدىغان تۇل ئاياللار ھايات بولسىمۇ، روھىي جەھەتتە بەرىبىر ئۆلگەنگە ھېساب. 7ئېتىقادچىلارنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئەيىبلىنىدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن، سەن جامائەتچىلىككە بۇ ئىشلار توغرىسىدا تەربىيە بەرگىن. 8بىر كىشى ئۆز تۇغقانلىرىغا، بولۇپمۇ ئائىلىسىدىكىلەرگە قارىمىسا، ئۇ ئەيسا مەسىھتىن تانغان دەپ قارىلىپ، ھەتتا ئېتىقادسىزلارچىلىكمۇ بولالمايدۇ.

9ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدە ياردەم بېرىلىدىغان، ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن تۇل ئاياللارنى تىزىملىغاندا، ئۇلار چوقۇم ئۆز ئېرىگە سادىق بولغان بولۇشى ۋە يېشى ئاتمىشتىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك. 10ئۇلار يەنە ياخشىلىقلىرى بىلەن تونۇلغان بولۇشى، يەنى بالىلىرىنى ياخشى تەربىيىلەپ چوڭ قىلغان، مېھماندوست، كەمتەرلىك بىلەن ئېتىقادچىلارنىڭ خىزمىتىدە بولغان، قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا ياردەم قىلغان ۋە ئۆزىنى ھەر خىل خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا بېغىشلىغان ئاياللار بولۇشى كېرەك.

11ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن ياش تۇل ئاياللارنى تىزىملىما. چۈنكى، بۇنداق ئاياللارنىڭ جىسمانىي جەھەتتىكى ئارزۇلىرى ئەيسا مەسىھكە بولغان رىشتىنى بېسىپ كەتسە، ئۇلار قايتا نىكاھلىنىشنى ئارزۇ قىلىپ، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدىكى خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالىمايدۇ. 12بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار دەسلەپ بەرگەن ۋەدىسىگە* خىلاپلىق قىلىش سەۋەبلىك ئەيىبلىنىدۇ. 13ئۇلار يەنە ھۇرۇنلۇقنى ئادەت قىلىۋېلىپ، ئۆيمۇ ئۆي دوقۇرۇپ يۈرۈپ، غەيۋەت قىلىپ، باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋالىدىغان ۋالاقتەككۈرلەردىن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. 14شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇنداق ياش تۇل ئاياللارنىڭ نىكاھلىنىپ، پەرزەنت كۆرۈپ، ئۆي ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى نەسىھەت قىلىمەن. شۇنداق قىلغاندا، بىزگە قارشى تۇرغۇچىلاردا ھەرقانداق پىتنە-ئىغۋا تارقىتىش پۇرسىتى بولمايدۇ. 15بۇنداق دېيىشىمدىكى سەۋەب، بەزى تۇل ئاياللار ئاللىبۇرۇن ئېتىقادتىن چەتنەپ، شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ كەتتى. 16ئەگەر ئېتىقادى بار بىر ئايالنىڭ تۇل قالغان تۇغقانلىرى بولسا، ئۇ ئۇلارغا ياردەم بەرسۇن، يۈكنى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە ئىتتىرىپ قويمىسۇن. شۇنداق بولغاندا، جامائەتچىلىك ھەقىقىي ئىگە-چاقىسىز تۇل ئاياللارغا ياردەم قىلالايدۇ.

يېتەكچىلەر توغرىسىدا

17ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنى ياخشى باشقۇرىدىغان يېتەكچىلەر، بولۇپمۇ خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزۈش ۋە تەلىم بېرىشتە ئەجىر سىڭدۈرگەن كىشىلەر چوقۇم چوڭقۇر ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇشى ۋە ئۇنىڭغا لايىق ھەق ئېلىشى كېرەك. 18چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا: «خامان تەپكەن ئۆكۈزنىڭ ئاغزىنى بوغما»، «ئىشچى ئۆز ھەققىنى ئېلىشقا ھەقلىقتۇر» دېيىلگەن. 19ئىككى ياكى ئۈچ گۇۋاھچى بولمىغۇچە، جامائەتچىلىكنىڭ يېتەكچىسى ئۈستىدىن قىلىنغان ئەرزنى قوبۇل قىلما. 20ئەگەر ئۇ گۇناھ قىلغان بولسا، باشقىلارنىڭمۇ بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىشى ئۈچۈن، جامائەتچىلىك ئالدىدا ئەيىبلەنسۇن. 21خۇدانىڭ، ئەيسا مەسىھنىڭ ۋە خۇدا تاللىغان پەرىشتىلەرنىڭ ئالدىدا ساڭا شۇنى بۇيرۇيمەنكى، سەن بۇ سۆزلىرىمگە قەتئىي ئەمەل قىل. ئايرىمىچىلىق قىلما، ھەرقانداق ئىشتا بىر تەرەپكە يان باسما. 22بىراۋنىڭ ئۇچىسىغا قولۇڭنى قويۇپ، ئۇنى يېتەكچىلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلەشكە ئالدىراپ كەتمە، بولمىسا ئۇنىڭ گۇناھلىرىغا شېرىك بولۇپ قېلىشىڭ مۇمكىن. ئۆزۈڭنى پاك تۇتقىن. 23(ئاشقازىنىڭنىڭ ياخشى بولمىغانلىقى، شۇنداقلا دائىم كېسەل بولۇپ قالىدىغانلىقىڭ ئۈچۈن، سۇلا ئىچمەي، بىرئاز شارابمۇ ئىچىپ بەرگىن.) 24بەزى كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى ئاسانلا كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ ھەم ئۇلارنىڭ چوقۇم سوراققا تارتىلىشى ئېنىق. لېكىن، بەزى كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرى بولسا كېيىن ئاشكارا بولىدۇ. 25خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، بەزى كىشىلەرنىڭ ياخشى ئەمەلىيىتىنىمۇ ئاسانلا كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. لېكىن، بەزى كىشىلەرنىڭ ياخشى ئەمەلىيىتى بولسا كېيىن مەلۇم بولىدۇ.



*12يەنى ئۆزلىرىنىڭ «پەقەت ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلىپ، يېڭىدىن توي قىلمايمەن» دېگەن ۋەدىسى.



 

6

1قۇل ئېتىقادچىلارنىڭ ھەممىسى ئۆز خوجايىنلىرىنى ھۆرمەتلىسۇن. شۇنداق قىلغاندا، خۇدانىڭ نامى ۋە خۇدادىن كەلگەن تەلىمنىڭ كۇپۇرلۇققا ئۇچراپ قېلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. 2خوجايىنلىرىمۇ ئېتىقادچى بولسا، قۇللار: «بىز ھەممىمىز خۇدانىڭ ئائىلىسىدىكى قېرىنداشلارغۇ» دەپ، ئۇلارغا ھۆرمەتسىزلىك قىلمىسۇن. ئەكسىچە، خوجايىنلىرىغا تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلسۇن. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ياخشى خىزمىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان خوجايىنلار دەل خۇدانىڭ ياخشى كۆرىدىغان بەندىلىرىدۇر.

يالغان تەلىم ۋە پۇلپەرەسلىكنىڭ ئاقىۋىتى

سەن ئېتىقادچىلارغا بۇ تەلىملەرنى ئۆگەتكىن ۋە تاپىلىغىن. 3ئوخشىمايدىغان تەلىملەرنى تەرغىب قىلغان كىشى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ھەق سۆزلىرىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ بىزنى ئىخلاسمەنلىككە يېتەكلەيدىغان تەلىمىنى قوبۇل قىلمىغان بولىدۇ. 4بۇنداق كىشىلەر تەكەببۇر، ھېچنېمە چۈشەنمەيدىغان كىشىلەردۇر. ئۇلار غوۋغا چىقىرىش ۋە گەپ تالىشىشقا ئىنتايىن ئامراق. بۇنداق ئىشلار باشقىلارنىڭ ئارىسىدا ھەسەتخورلۇق، جېدەل-ماجىرا، تۆھمەت، گۇمانخورلۇق 5ھەمدە دائىملىق سۈركىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ كىشىلەرنىڭ نىيىتى چىرىك بولۇپ، ھەقىقەتتىن مەھرۇم بولغان. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئىخلاسمەنلىك پەقەتلا بىر تاپاۋەت يولىدۇر، خالاس.

6دەرۋەقە، خۇداغا رازىمەنلىك بىلەن ئىخلاسمەن بولغان ئادەم ھەقىقىي روناق تاپىدۇ. 7بىز بۇ دۇنياغا ھېچنېمە ئېلىپ كەلمىدۇق ۋە بۇ دۇنيادىن ھېچنېمە ئېلىپ كېتەلمەيمىز. 8شۇڭا، يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچىكىمىز تولۇق بولسىلا، رازى بولۇشىمىز كېرەك. 9باي بولۇشنىلا ئويلايدىغانلار بولسا ھامان ئازدۇرۇلۇپ كېتىدۇ، ئۇلار ئىنسانلارنى قۇرۇتۇپ ھالاك قىلىدىغان نۇرغۇن زىيانلىق ھەم ئەخمىقانە ھەۋەسلەرنىڭ تورىغا چۈشۈپ كېتىدۇ. 10چۈنكى، پۇلپەرەسلىك ھەر خىل يامانلىقنىڭ يىلتىزىدۇر. بەزىلەر باي بولۇش ھەۋىسى بىلەن ئېتىقادتىن چەتنەپ، ئۆزىگە تۈگىمەس ئازاب تېپىۋالدى.

تىموتىيغا نەسىھەت

11ئەي خۇدانىڭ سادىق بەندىسى، سەن بۇنداق ئىشلاردىن يىراق تۇر. ھەققانىيلىق، ئىخلاسمەنلىك، ئېتىقاد، مېھىر-مۇھەببەت، سەۋر-تاقەت ۋە مۇلايىملىقنى ئىزدە. 12ئېتىقاد يولىدا ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى قىل. خۇدا ئاتا قىلغان مەڭگۈلۈك ھاياتنى قەدىرلە. سەن بۇنىڭ ئۈچۈن چاقىرىلدىڭ ھەمدە نۇرغۇنلىغان گۇۋاھچىلار ئالدىدا بۇ مەڭگۈلۈك ھاياتنى ئاللىبۇرۇن ئوچۇق ئېتىراپ قىلدىڭ. 13ھەممىگە ھاياتلىق بەرگۈچى خۇدانىڭ، شۇنداقلا پونتىي پىلاتۇسقا يۈرەكلىك ھالدا ئۇلۇغ ھەقىقەت توغرىسىدا گۇۋاھلىق بەرگەن ئەيسا مەسىھنىڭ ئالدىدا ساڭا شۇنى تاپىلايمەنكى، 14رەببىمىز ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگۈچە، خۇدانىڭ بۇ ئەمرلىرىگە تولۇق ئەمەل قىل، بۇنىڭ بىلەن ھېچكىم سېنى ئەيىبلىيەلمىسۇن. 1516مەدھىيىلەشكە مۇناسىپ بولغان بىردىنبىر ھۆكۈمران، يەنى پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى، رەبلەرنىڭ رەببى، بىردىنبىر مەڭگۈ ئۆلمەس، ئادەم يېقىنلىشالمايدىغان نۇر ئىچىدە ياشايدىغان، ھېچكىم كۆرمىگەن ۋە كۆرەلمەيدىغان خۇدا ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە، ئەيسا مەسىھنى قايتا ئەۋەتىدۇ. بارلىق ھۆرمەت ۋە كۈچ-قۇدرەت خۇداغا ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!

17بۇ دۇنيادا باي بولغانلارغا مەغرۇرلانماسلىقنى، ئۆتكۈنچى بايلىققا ئۈمىد باغلىماسلىقنى بۇيرۇغىن. ئۇلار ئۈمىدىنى بىز بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ھەممىنى بىزگە سېخىيلىق بىلەن بەرگۈچى خۇداغا باغلىسۇن. 18ئۇلارغا باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشنى ۋە خەير-ساخاۋەتلىك ئىشلارنى كۆپ قىلىشنى، مەرد ۋە قولى ئوچۇق بولۇشنى بۇيرۇغىن. 19بۇنداق قىلغاندا، ئۇلار ھەقىقىي ھاياتقا ئېرىشىش ئۈچۈن كېلەچەكتە ئۆزلىرىگە پۇختا ئاساس بولىدىغان بىر خەزىنە توپلىيالايدۇ.

20ئەي تىموتىي، ساڭا ئامانەت قىلىنغان بۇ تەلىملەرنى ياخشى ساقلا. خۇداغا بولغان ئىخلاسمەنلىككە مۇناسىپ كەلمەيدىغان قۇرۇق گەپلەردىن ھەمدە بىمەنە بىلىمنى بىلىم دېگۈچىلەرنىڭ تالاش-تارتىشلىرىدىن ساقلان. 21بەزىلەر مۇشۇنداق بىمەنە بىلىمگە ئەگىشىپ، ئېتىقادتىن چەتنىدى.

خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى سىلەرگە يار بولغاي!