سەردارلار 1 ئىسرائىللارنىڭ كەنئان زېمىنىنى داۋاملىق ئىشغال قىلىشى 1يوشۇۋا ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئىسرائىللار پەرۋەردىگاردىن: _ كەنئان زېمىنىدىكى قوۋملار بىلەن جەڭ قىلغىلى بىزدىن قايسى قەبىلە ئاۋۋال چىقسۇن؟ _ دەپ سورىدى. 2پەرۋەردىگار جاۋابەن: _ يەھۇدا قەبىلىسى چىقسۇن، بۇ زېمىننى ئۇلارغا ئاتا قىلىمەن، _ دېدى. 3-4شۇنىڭ بىلەن يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان شىمون قەبىلىسىگە: _ بىزگە تەقسىم قىلىنىدىغان زېمىنغا بېرىپ، كەنئانلىقلار بىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن بىز بىلەن بىللە بېرىڭلار. كېيىن سىلەرگە تەقسىم قىلىنىدىغان زېمىنغا بېرىپ، سىلەرگە ياردەم بېرەيلى، _ دېدى. شۇنداق قىلىپ شىمون قەبىلىسى بىلەن يەھۇدا قەبىلىسى بىرلىشىپ جەڭ قىلدى. پەرۋەردىگار كەنئانلار بىلەن پەرىززىلەرنى ئۇلارنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. ئۇلار بەزەق شەھىرىدە ئون مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. 7ئادونى-بەزەق: _ مەن ئىلگىرى 70 پادىشاھنىڭ پۇت-قوللىرىنىڭ باش بارماقلىرىنى كېسىۋەتكەنىدىم، ئۇلار مېنىڭ داستىخىنىمدىن ئاشقان تاماقلارنى تېرىپ يەيتتى. ئەمدى خۇدا قىلغانلىرىمنى ئۆزۈمگە ياندۇردى، _ دېدى. ئۇ يېرۇسالېمغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن ئۆلدى.
8يەھۇدا قەبىلىسى يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ شەھەرنى ئىشغال قىلدى ۋە ئاھالىسىنى قىرغىن قىلىپ، شەھەرگە ئوت قويۇۋەتتى. 11يەھۇدا قەبىلىسى ئۇ يەردىن ئۆتۈپ دىبىر (ئىلگىرى قىرئات-سېفەر دەپ ئاتىلاتتى) شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدى. 12يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ باشلىقى كالىب: _ قىرئات-سېفەر شەھىرىنى كىم ئالسا، قىزىم ئاكساھنى شۇنىڭغا بېرىمەن، _ دېدى.
13ئۇ شەھەرنى كالىبنىڭ ئىنىسى قېنازنىڭ ئوغلى ئوتنىئېل ئالدى. كالىب قىزى ئاكساھنى ئۇنىڭغا بەردى. _ نېمىگە كەلدىڭ؟ _ دەپ سورىدى. _ مەن پەقەت بىرلا نەرسە تەلەپ قىلىپ كەلدىم. ئاتا، ماڭا بۇلىقى بار يەرلەردىن بەرسىڭىز، چۈنكى ماڭا بەرگەن يەرلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى جەنۇبىي چۆللۈكتىكى يەرلەر ئىكەن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن كالىب يۇقىرى ۋە تۆۋەندىكى بۇلاقلارنى ئۇنىڭغا بەردى.
16مۇسا پەيغەمبەرنىڭ قېيىنئاتىسىنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان قېنلار خورمىزارلىق شەھەر ئېرىخادىكى يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ئاراد شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى يەھۇدا چۆلىگە بېرىپ، ئۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالدى.
22-23يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى* بەيتەل شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدى. بۇ چاغدا بۇ شەھەرنىڭ ئىسمى لۇز ئىدى. پەرۋەردىگار ئۇلارغا يار بولغانىدى. ئۇلار شەھەرگە ئايغاقچى ئەۋەتتى. _ شەھەرگە قانداق كىرىشنى دەپ بەرسەڭ، ساڭا زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەيمىز، _ دېدى.
25ئۇ كىشى ئۇلارغا يولنى كۆرسىتىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئەفرايىم ۋە ماناسسە قەبىلىلىرى، شەھەردىكى پۈتۈن ئاھالىلارنى قىرىپ تاشلاپ، پەقەت ھېلىقى ئادەم بىلەن ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىلا ھايات قالدۇردى. ئىسرائىل قەبىلىلىرى تەرىپىدىن قوغلاپ چىقىرىلمىغان قوۋملار
27ماناسسە قەبىلىسى بەيتشان، تاناك، دور، ئىبلىئام، مىگىددو ۋە بۇ شەھەرلەرنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلاردا ياشايدىغان كەنئانلىقلارنى قوغلاپ چىقارمىدى. چۈنكى كەنئانلىقلار ئۇ يەرلەردە تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇۋالغانىدى. 29ئەفرايىم قەبىلىسىمۇ گەزەر شەھىرىدە تۇرىدىغان كەنئانلىقلارنى قوغلاپ چىقارمىدى. شۇڭا كەنئانلىقلار داۋاملىق ئۇلار بىلەن بىللە ياشىدى. 30زەبۇلۇن قەبىلىسىمۇ قىترون ۋە ناخالال شەھەرلىرىدە تۇرىدىغان ئاھالىلارنى قوغلاپ چىقارمىدى. شۇڭا كەنئانلىقلار ئۇ يەردە داۋاملىق تۇرۇپ قالدى. لېكىن ئۇلار زەبۇلۇن قەبىلىسى تەرىپىدىن قۇلدەك ئىشلەشكە مەجبۇر قىلىندى.
31ئاشېر قەبىلىسىمۇ ئاككو، سىدون، ئاخلاب، ئاكزىب، خەلباھ، ئافىق ۋە رىخوب شەھەرلىرىدىكى ئاھالىلارنى قوغلاپ چىقارمىدى.
34دان قەبىلىسى ئامورلار تەرىپىدىن تاغلىق رايونلارغا ھەيدىۋېتىلىپ، تۈزلەڭلىكلەرگە كەلتۈرۈلمىدى. *17تەلتۆكۈس ۋايران قىلىش _ بۇ ئىبرانىيچە سۆز بولۇپ «ئادەم ۋە نەرسىلەرنى تەلتۆكۈس يوقىتىش ئارقىلىق، ئۇلارنى پەرۋەردىگارغا ئاتاش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. *17خۇرماھ _ ئىبرانىي تىلىدا «ھالاكەت» دېگەن مەنىدە. *22يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى _ ئەفرايىم ۋە ماناسسە قەبىلىلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
2 ئىسرائىللارنىڭ ئىتائەتسىزلىكى 1پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى* گىلگال شەھىرىدىن بوكىمغا كېلىپ ئىسرائىللارغا: _ مەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، ئەجدادلىرىڭلارغا ۋەدە قىلىنغان زېمىنغا ئېلىپ باردىم. مەن سىلەرگە: «سىلەر بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى ھەرگىز بۇزمايمەن.
4پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولغاندا، ئىسرائىللار ئۈن سېلىپ يىغلىشىپ كەتتى، يوشۇۋانىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشى
6يوشۇۋا ئىسرائىللارنى تارقىتىۋەتكەندىن كېيىن، ئىسرائىللار ئۆزلىرىگە تەقسىم قىلىنغان زېمىنلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىش ئۈچۈن يولغا چىقتى. ئىسرائىللارنىڭ پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈشى
11-13كېيىن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان ئىش قىلىپ، ئۆزلىرىنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان، ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈپ، باشقا ئىلاھلارغا، يەنى شۇ ئەتراپتىكى قوۋملار چوقۇنىدىغان بائال ۋە ئاشتورەت دېگەن بۇتلارغا چوقۇنۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا سەردارلارنى تەيىنلىشى
16پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنى تالان-تاراج قىلغۇچىلارنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارغا سەردارلارنى تەيىنلەپ بەردى. 20شۇڭا پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا يەنە غەزەپلىنىپ مۇنداق دېدى: _ بۇ خەلق ئەجدادلىرىنىڭ رىئايە قىلىشىغا بۇيرۇغان ئەھدەمنى بۇزۇپ، ماڭا ئىتائەت قىلمىدى.
3 كەنئان زېمىندا قېلىپ قالغان قوۋملار
1-2پەرۋەردىگار كەنئان زېمىنىدا بىر قىسىم قوۋملارنى قالدۇرغانىدى. ئۇنىڭ مەقسىتى، ئۇرۇشنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزمىگەن ئىسرائىللارنى سىناش ھەمدە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا، بولۇپمۇ ئەزەلدىن جەڭگە كىرىپ باقمىغان ئىسرائىللارغا جەڭ قىلىشنى ئۆگىتىش ئىدى. ئوتنىئېلنىڭ ئىسرائىللارغا سەردار بولۇشى
7ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان ئىش قىلىپ، ئۆز پەرۋەردىگارى خۇدانى ئۇنتۇپ، بائال ۋە ئاشېرا دېگەن بۇتلارغا چوقۇندى. ئېھۇدنىڭ ئىسرائىللارغا سەردار بولۇشى
12ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يەنە يامان ئىش قىلغاچقا، پەرۋەردىگار موئاب پادىشاھى ئەگلوننى ئۇلارغا قارشى قىلىپ كۈچلەندۈردى. _ ئالىيلىرىغا ئېيتىدىغان بىر مەخپىي ئىش بار ئىدى، _ دېدى. پادىشاھ ئېھۇدقا: _ جىم تۇر! _ دېۋىدى، خىزمەتكارلار تاشقىرىغا چىقىپ كېتىشتى. 20بۇ چاغدا پادىشاھ ئۆگزىدىكى سالقىن بالىخانىسىدا يالغۇز ئولتۇراتتى. ئېھۇد ئۇنىڭغا يېقىن كېلىپ: _ مەن ئۆزلىرىگە خۇدادىن كەلگەن بىر خەۋەرنى يەتكۈزمەكچىمەن، _ دېدى. پادىشاھ ئورنىدىن تۇردى.
21ئېھۇد سول قولى بىلەن ئوڭ يانپېشىدىكى خەنجەرنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، پادىشاھنىڭ قورسىقىغا تىقىۋەتتى. _ مېنىڭ كەينىمدىن مېڭىڭلار! پەرۋەردىگار دۈشمىنىڭلار موئابلارنى قولۇڭلارغا چۈشۈرۈپ بېرىدۇ، _ دېدى. ئۇلار ئېھۇد بىلەن تاغدىن چۈشۈپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ كېچىكىنى ئىشغال قىلىپ، ھېچقانداق ئادەمنى دەريادىن ئۆتكۈزمىدى. شامگارنىڭ ئىسرائىللارغا سەردار بولۇشى 31ئېھۇدتىن كېيىن، ئاناتنىڭ ئوغلى شامگار كالا ھەيدەيدىغان تاياق بىلەن فىلىستىيەلىكلەردىن 600 كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، ئىسرائىللارنى قۇتقۇزدى. 4 دىبورا بىلەن باراقنىڭ ئىسرائىللارغا سەردار بولۇشى
1ئېھۇد ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يەنە يامان ئىش قىلدى. 6بىر كۈنى ئۇ نافتالىدىكى قەدەش شەھىرىگە ئادەم ئەۋەتىپ ئابىنوئامنىڭ ئوغلى باراقنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا: _ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ساڭا: «نافتالى ۋە زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن 10 مىڭ ئادەمنى يىغىپ، ئۇلارنى تابور تېغىغا باشلاپ كەل. 8باراق ئۇنىڭغا: _ ئەگەر سىز بىللە بارسىڭىز، مەن باراي، سىز بارمىسىڭىز مەنمۇ بارمايمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى. 9دىبورا: _ بولىدۇ، مەن بىللە باراي. بىراق سەن غەلىبە قىلساڭمۇ شان-شۆھرىتىڭ بولمايدۇ، چۈنكى پەرۋەردىگار سىسىرانى بىر ئايالنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەرگەن بولىدۇ، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن دىبورا بىلەن باراق بىللە قەدەش شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقتى. 11ئۇ چاغدا قېنلاردىن بولغان خەبەر، قەدەش شەھىرىگە يېقىن بولغان زائاناننىمدىكى بىر تۈپ دۇپ دەرىخى يېنىدا چېدىر تىككەنىدى. ئۇ باشقا قېنلاردىن ئايرىلىپ تۇراتتى. ئۇلار مۇسا پەيغەمبەرنىڭ قېيىنئاكىسى خوبابنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى.
12سىسىرا ئابىنوئامنىڭ ئوغلى باراقنىڭ تابور تېغىغا كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، 14دىبورا باراققا: _ ئالغا! بۈگۈن پەرۋەردىگار سىسىرانى قولۇڭغا چۈشۈرۈپ بېرىدىغان، ساڭا يولباشچى بولىدىغان كۈن ئەمەسمۇ؟ _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن باراق 10 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ تابور تېغىدىن چۈشتى. 18يائېل سىسىرانىڭ ئالدىغا چىقىپ كۈتۈۋالدى ۋە ئۇنىڭغا: _ جانابلىرى ئىچكىرىگە مەرھەمەت قىلسىلا، قورقمىسىلا، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن سىسىرا چېدىرغا كىردى. يائېل ئۇنى كارىۋات ياپقۇچى بىلەن يوشۇرۇپ قويدى. 19سىسىرا ئۇنىڭغا: _ ئۇسساپ كەتتىم. ئازراق سۇ بەرسىڭىز، _ دېدى. يائېل ئۇنىڭغا بىر تۇلۇمنى ئېچىپ، ئۇنىڭدىن سۈت قۇيۇپ بەردى ۋە ئۇنى يەنە يوشۇرۇپ قويدى. _ چېدىرنىڭ ئالدىغا چىقىپ تۇرغايسىز، ئەگەر بىرى كېلىپ، بۇ يەردە ئادەم بارمۇ؟ دەپ سورىسا، يوق دېگەيسىز، _ دېدى. 21سىسىرا ئىنتايىن چارچاپ كەتكەچكە، يېتىپلا ئۇيقۇغا كەتتى. خەبەرنىڭ خوتۇنى يائېل قولىغا توقماق بىلەن چېدىرغا قاقىدىغان قوزۇقتىن بىرنى ئېلىپ، سىسىرانىڭ يېنىغا ئاستا كېلىپ، قوزۇقنى ئۇنىڭ چېكىسىگە قېقىپ يەرگە پاتۇرىۋەتتى. سىسىرا ئۆلدى. 22باراق سىسىرانى ئىزدەپ كەلگەنىدى، يائېل ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ: _ بۇ ياققا كېلىڭ، مەن سىز ئىزدەپ كەلگەن ئادەمنى كۆرسىتەي، _ دېدى. باراق ئۇنىڭ بىلەن چېدىرغا كىرىپ، سىسىرانىڭ ئۆلۈك ياتقىنىنى ۋە چېكىسىگە قوزۇق قېقىلغانلىقىنى كۆردى.
23ئۇ كۈنى خۇدا ئىسرائىللارغا كەنئان پادىشاھى يابىننى باش ئەگدۈرۈپ بەردى. 5 دىبورا بىلەن باراقنىڭ مەدھىيەسى
1ئۇ كۈنى دىبورا ۋە ئابىنوئامنىڭ ئوغلى باراق بۇ مەدھىيەنى ئوقۇدى: 2«سەردارلار يول باشلىدى ئىسرائىللارغا، خەلق ئۆز رايى بىلەن ئەگەشكەچكە ئۇلارغا، ئېيتىڭلار ھەمدۇسانا پەرۋەردىگارغا! 3ئەي پادىشاھلار ئاڭلاڭلار! ئەي ئەمىرلەر قۇلاق سېلىڭلار! نەغمە-ناۋا ياڭرىتىپ، پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ئېيتىمەن، ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانى كۈيلەيمەن. 4ئى پەرۋەردىگار، سەئىردىن ئايرىلغىنىڭدا، ئىدوم زېمىنىدىن يۈرۈش قىلغىنىڭدا، زىلزىلگە كەلدى يەر-زېمىنلار، تۆكۈلدى ئاسمان ۋە بۇلۇتلاردىن يامغۇرلار. 5سىلكىندى تاغلار سىنايدىكى پەرۋەردىگار كەلگەندە، ئىسرائىللار خۇداسى _ پەرۋەردىگار ئالدىدا. 6يائېلنىڭ دەۋرى _ ئانات ئوغلى شامگارنىڭ زامانىدا، ئۆتمەيتتى كارۋان بۇ يەردىن، ماڭاتتى يولۇچىلار چىغىر يوللاردا. 7مەن دىبورا كېلىپ ئانا بولغۇچە ئىسرائىللارغا، چۆللىشىپ سەھرالار، بىر كىشىمۇ قالمىغانىدى ئىسرائىلىيەدە. 8ساختا ئىلاھلار يەڭگۈشلىنىپ، جەڭلەر بولدى قوۋۇقلاردا، نەيزە-قالقان كۆتۈرگەن بىرمۇ لەشكەر يوق ئىدى ئەسلا، قىرىق مىڭ ئىسرائىل قوشۇنىدا. 9قەلبىم تەلپۈنەر ئىسرائىلنىڭ سەركەردىلىرىگە، مايىلدۇر ئىسرائىل پىدائىيلىرىغا. مەدھىيە بولسۇن پەرۋەردىگارغا! 10ئەي ئاق ئېشەككە مىنگەنلەر، ئېسىل ئېگەر-توقۇمدا ئولتۇرغانلار، يولدا پىيادە ماڭغانلار، مەدھىيە ئېيتىڭلار ھەممىڭلار. 11ئاڭلاڭلار، قۇدۇق بېشىدىكى سازچىلارنىڭ نەغمىسىنى، ئۇلار بايان قىلغان پەرۋەردىگارنىڭ غەلىبىسىنى، ئىسرائىل دېھقانلىرىنىڭ زەپەر قۇچۇپ قايتقىنىنى. يېتىپ كەلدى قوۋۇقلىرىغا پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى. 12ئويغان، ئويغان! دىبورا ئويغان! ئابىنوئام ئوغلى باراق، ئورنۇڭدىن تۇر! ئويغان، مەدھىيە ياڭرات! ئەسىرلىرىڭنى ئېلىپ كەت! 13يېنىمغا كېلىپ پەرۋەردىگارنىڭ قالغان خەلقى، چىقتى يېتەكچىلەر زور قوشۇنغا قارشى جەڭ قىلغىلى. 14خەلق ئامالەكنىڭ بۇرۇنقى زېمىنى بولغان ئەفرايىمدىن كەلدى، ئۇلارغا ئەگەشتى بىنيامىن قەبىلىسى، ماكىر جەمەتىدىن سەردارلار يۈرۈش قىلدى، سەركەردىلەر ھەم زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن كەلدى. 15ئىسساكار قەبىلىسىنىڭ باشلىقلىرى دىبورا بىلەن بىللە كەلدى، ئىسساكارلار بىلەن باراقمۇ ھەم بىللە كەلدى، ئۇنىڭ كەينىدىن ئۇلار تېزلا جىلغىغا چۈشتى، ئەمما ئارىسالدىلىقتىن رۇبېن قەبىلىسى بىر قارارغا كېلەلمىدى. 16نېمىشقا ئولتۇرىسىلەر گۈلخاننىڭ ئەتراپىدا؟ يا ئاڭلاشنى خالىدىڭلارمۇ قويچىلارنىڭ ئىسقىرتقىنىنى قويلارغا؟ شۇنداق، ئارىسالدىلىقتىن رۇبېن قەبىلىسى كېلەلمىدى بىر قارارغا. 17گىلئادلىقلار تۇرۇپ قالدى ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدا. توختاپ قالدى نېمىشقا دان قەبىلىسى كېمىلەردە؟ قېلىپ قالدى نېمىشقا ئاشېر قەبىلىسى دېڭىز قىرغىقىدا؟ 18لېكىن زەبۇلۇن قەبىلىسى ئۆلۈمدىن باش تارتمىدى، نافتالى قەبىلىسى جەڭ مەيدانىدا ھەم جان تىكىپ ئېلىشتى. 19جەڭ قىلىشتى كەنئان پادىشاھلىرى، كېلىپ مىگىددو ئۆستىڭى بويىدىكى تاناكقا، لېكىن ئۇلار ئېرىشەلمىدى كۈمۈشلەردىن ئولجىغا. 20جەڭ قىلدى يۇلتۇزلار ئۆز جايلىرىدىن، ئۇرۇش ئاچتى سىسىراغا ئەرشتىن. 21ئۆركەشلەپ قەدىمىي قىشون دەرياسى، ئېلىپ كەتتى ئۇلارنى تېز كەلكۈن. دەيمەن ئۆزۈمگە جاسارەتلىك بول، باسقىن ئالغا. 22توختىماي چېپىپ سىسىرانىڭ تۇلپارلىرى، تىترەتتى تۇياقلىرى گۈلدۈرلەپ يەر-زېمىننى. 23پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئېيتتى: ‹مېروز ئاھالىسىغا لەنەتلەر بولسۇن، مېروز خەلقىگە لەنەتلەر ياغسۇن، ھەمدەمدە بولمىدى پەرۋەردىگارغا، زەربە بەرمىدى كۈچلۈك دۈشمەنگە ئۇلار.› 24قېنلاردىن بولغان خەبەرنىڭ خوتۇنى يائېل، ماختاشقا لايىق بارلىق ئاياللار ئىچىدە، ھۆرمەتكە سازاۋەر كۆچمەن ئاياللار ئارىسىدا. 25سۇ سورىسا سىسىرا، سۈت بەرگەن يائېل، شاھانە چىنىدە قېتىق سۇنغان يائېل. 26سول قولىغا ئېلىپ قوزۇقىنى چېدىرنىڭ، ئوڭ قولىدا كۆتۈرۈپ توقمىقىنى ھۈنەرۋەننىڭ، كۈچەپ ئۇرۇپ پاتۇردى بېشىغا سىسىرانىڭ، قوزۇقنى يەرگە قاقتى چېكىسىدىن ئۇنىڭ. 27چۈشتى يەرگە يىقىلىپ سىسىرا، ياتتى يائېلنىڭ پۇتى ئالدىدا، يەرگە يىقىلىپ چۈشۈشى بىلەنلا، جان بەردى ئۇ شۇ يەردىلا! 28سىسىرانىڭ ئانىسى دېرىزىدىن قاراپ سىرتقا، ساقلايتتى ئۇنى روجەك ئالدىدا ئىنتىزارلىقتا. نىدا قىلىپ دېدى ئۇ مۇنداق: ‹نېمىشقا قايتمايدۇ تېخىچە جەڭ ھارۋىسى؟ نېمىشقا ئاڭلانمايدۇ بۇ كەمگىچە تۇياقلارنىڭ ئاۋازى؟› 29ئاڭلاپ چېچەن كېنىزەكلىرىنىڭ جاۋابىنى، ئۆز-ئۆزىگە دېدى ئۇ مۇنداق: 30‹ئۇلار جەزمەن بۆلۈشىۋاتىدۇ ئولجا ھەم غەنىيمەتلەر، تەگدى ئەلۋەتتە ھەربىرىگە بىرنەچچىدىن قىزلار، ئالغاچ كەلگەي سىسىرا ئۆزىگە رەڭدار كىيىملەر، ھەم ماڭىمۇ بوينۇمغا سېلىشقا چىرايلىق ياغلىقلار.› 31ئى پەرۋەردىگار، دۈشمەنلىرىڭ شۇ تەرىقىدە يوقالغاي! دوستلىرىڭ كۆتۈرۈلگەن قۇياشتەك قۇدرەتكە تولغاي!» شۇنداق قىلىپ بۇ زېمىن 40 يىل تىنچ-ئامان تۇردى. 6 مىديانلارنىڭ ئىسرائىللارنى بېسىۋېلىشى
1ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يەنە يامان ئىش قىلدى. شۇڭا پەرۋەردىگار ئۇلارنى يەتتە يىل مىديانلارنىڭ قولىغا تاشلاپ بەردى. _ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا شۇنداق دەيدۇكى: «مەن سىلەرنى، سىلەر قۇل بولۇپ ياشىغان مىسىردىن ئېلىپ چىقتىم. گىدئوننىڭ سەردارلىققا تاللىنىشى 11كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى* ئوفراھ يېزىسىغا كېلىپ، يوئاشقا تەئەللۇق بولغان بىر تۈپ پىستە دەرىخىنىڭ تۈۋىدە ئولتۇردى. يوئاش بولسا ئابىئەزەر جەمەتىدىن ئىدى. ئۇنىڭ ئوغلى گىدئون مىديانلاردىن يوشۇرۇنچە ئۈزۈم ئېزىش ئازگىلىدا بۇغداي ئېزىۋاتاتتى. 12پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇ يەردە ئۇنىڭغا كۆرۈنۈپ: _ ئەي باتۇر ئەزىمەت! پەرۋەردىگار ساڭا ياردۇر! _ دېدى. 13گىدئون ئۇنىڭغا: _ تەقسىر، ئەگەر پەرۋەردىگار بىزگە يار بولغان بولسا، بىز نېمىشقا بۇنداق بەختسىزلىكلەرگە ئۇچرايمىز؟ ئەجدادلىرىمىز بىزگە، پەرۋەردىگار بىزنى مىسىردىن قانداق ئېلىپ چىققانلىقىنى ئېيتقانىدى. ئەمدى ئاشۇ ئاجايىپ مۆجىزىلەر نەگە كەتتى؟ پەرۋەردىگار بىزدىن ۋاز كېچىپ، بىزنى مىديانلارنىڭ قولىغا تاشلاپ بەردى، _ دېدى. 14پەرۋەردىگار گىدئونغا بۇرۇلۇپ: _ سەن پۈتۈن كۈچۈڭ بىلەن ئىسرائىللارنى مىديانلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغىن. سېنى مانا مەن ئۆزۈم ئەۋەتىمەن! _ دېدى. 15_ تەقسىر، مەن بولسام ماناسسە قەبىلىسىنىڭ ئەڭ ئاجىز جەمەتىگە تەئەللۇقمەن. ئىسرائىللارنى قانداقمۇ قۇتقۇزالايمەن؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتامنىڭ جەمەتىدىكى ئەڭ ئەرزىمەس كىشىمەن، _ دېدى گىدئون. 16پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ مەن جەزمەن ساڭا يار بولىمەن. سەن مىديانلارنى خۇددى بىر ئادەمنى ئۇجۇقتۇرغانغا ئوخشاش ئاسانلا يوقىتىسەن، _ دېدى. 17گىدئون: _ ئەگەر مەن ئىلتىپاتىڭىزغا مۇيەسسەر بولغان بولسام، مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان كىشىنىڭ ئۆزىڭىز ئىكەنلىكىڭىزنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ماڭا بىر ئالامەت كۆرسەتكەيسىز. _ سەن قايتىپ كەلگۈچە ساقلايمەن، _ دېدى پەرۋەردىگار.
19شۇنىڭ بىلەن گىدئون ئۆيىگە بېرىپ، بىر ئوغلاقنى سويۇپ ئۇنى پىشۇردى ۋە يېرىم خالتا ئۇندا پېتىر نان پىشۇرۇپ، گۆشنى سېۋەتكە، شورپىسىنى ساپال كورىغا ئېلىپ پىستە دەرىخىنىڭ تۈۋىگە ئېلىپ كەلدى. _ گۆش بىلەن پېتىر ناننى بۇ قورام تاشنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، شورپىنى ئۈستىگە تۆككىن، _ دېدى، گىدئون شۇنداق قىلدى. 22گىدئون ئۆزىنىڭ كۆرگىنىنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ: _ ئى ئىگەم پەرۋەردىگار! ئەمدى مەن تۈگەشتىم، پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى بىلەن يۈزمۇيۈز كۆرۈشۈپتىمەن ئەمەسمۇ! _ دېدى. 23پەرۋەردىگار گىدئونغا: _ قورقمىغىن، ئۆلمەيسەن، ئامان بول! _ دېدى. 24گىدئون ئۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ ئۇنىڭ نامىنى ياھۋەھ-شالوم* دەپ قويدى. بۇ قۇربانلىق سۇپىسى ئابىئەزەرلەرنىڭ ئوفراھ دېگەن جايىدا ھازىرغىچە بار. 25ئۇ كۈنى كېچىسى پەرۋەردىگار گىدئونغا: _ سەن ئاتاڭنىڭ يەتتە ياشلىق ئىككىنچى بۇقىسىنى ئېلىپ بېرىپ، ئاتاڭ ئىلاھ بائالغا ئاتاپ ياسىغان قۇربانلىق سۇپىسىنى چېقىپ، سۇپىنىڭ يېنىدىكى ئىلاھە ئاشېراغا ئاتاپ ياسالغان ياغاچ تۈۋرۈكنى كېسىپ يىقىتىۋەت. 27شۇنىڭ بىلەن گىدئون چاكارلىرىدىن ئون كىشىنى ئېلىپ بېرىپ، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بۇيرۇغاندەك قىلدى. ئۇ ئاتىسىنىڭ جەمەتىدىكىلەر ۋە شەھەر ئاھالىسىدىن قورقۇپ، بۇ ئىشنى كۈندۈزى قىلىشقا جۈرئەت قىلالماي، كېچىسى قىلدى. 28ئەتىسى سەھەردە شەھەر ئاھالىسى ئورنىدىن تۇرۇپ، بائال قۇربانلىق سۇپىسى بىلەن ئاشېرا ياغاچ تۈۋرۈكىنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكىنى ۋە ھېلىقى بۇقىنىڭ يېڭى قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرۈلىۋەتكەنلىكىنى كۆردى. 29ئۇلار ئۆزئارا: _ بۇ ئىشنى كىم قىلغاندۇ؟ _ دېيىشتى. ئۇلار سۈرۈشتۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن، بىر-بىرىگە: _ بۇ ئىشنى يوئاشنىڭ ئوغلى گىدئون قىلىپتۇ-دە، _ دېيىشتى. 30شەھەر ئاھالىلىرى يوئاشقا: _ ئوغلۇڭنى چىقىرىپ بەر، ئۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم! ئۇ بائال قۇربانلىق سۇپىسىنى چېقىپ، ئۇنىڭ يېنىدىكى ئاشېرا ياغاچ تۈۋرۈكىنى كېسىپ يىقىتىۋېتىپتۇ، _ دېدى. 31يوئاش ئۆزىنى ئەيىبلىگەن خالايىققا: _ سىلەر بائال ئۈچۈن تاكاللىشىپ، ئۇنى قوغداپ قالماقچىمۇ؟ كىم ئۇنىڭ ئۈچۈن تاكاللاشسا تاڭ ئاتماي تۇرۇپ ئۇ ئۆلىدۇ. ئەگەر بائال راستتىنلا ئىلاھ بولسا، ئۇ ئۆزىنى ئۆزى قوغداپ، قۇربانلىق سۇپىسىنى چېقىۋەتكەن كىشىنى ھالاك قىلسۇن، _ دەپ جاۋاب قايتۇردى. 32بائالنىڭ قۇربانلىق سۇپىسى چېقىلىپ كەتكەندىن باشلاپ، كىشىلەر گىدئوننى «يىرۇببائال» دەپ ئاتاشتى. بۇ «بائال ئەدىپىنى بەرسۇن!» دېگەن مەنىدە ئىدى.
33ئۇ چاغدا مىديانلار، ئامالەكلەر ۋە شەرقتىكى قوۋملار بىلەن ئۇچرىشىپ، ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، يىزرىئەل جىلغىسىدا چېدىرلىرىنى تىكىشتى. گىدئوننىڭ گۇمان قىلىشى 36شۇنىڭ بىلەن گىدئون خۇداغا: _ ئەگەر سەن ئېيتقىنىڭدەك ئىسرائىللارنى راستتىنلا مېنىڭ قولۇم ئارقىلىق قۇتقۇزماقچى بولساڭ، 38ئەھۋال ئۇنىڭ دېگىنىدەك بولدى. گىدئون ئورنىدىن سەھەر تۇرۇپ قوي تېرىسىنى سىقىۋىدى، بىر چىنە شەبنەم سۈيى چىقتى. 39گىدئون خۇداغا يەنە: _ ماڭا غەزەپلەنمىگەيسەن، يەنە بىر تەلىپىمنى قوبۇل قىلغايسەن. قوي تېرىسى بىلەن يەنە بىر سىناپ كۆرەي، بۇ قېتىم تېرە قۇرۇق تۇرۇپ يەر يۈزىگە شەبنەم چۈشكەي، _ دېدى. 40ئۇ كېچە خۇدا شۇنداق قىلدى. دەرۋەقە، ئەتىسى سەھەردە قوي تېرىسى قۇرۇق تۇرۇپ، يەر يۈزىگە شەبنەم چۈشكەنىدى. *11پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى _ خۇدانىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ. *24ياھۋەھ-شالوم _ ئىبرانىي تىلىدا «پەرۋەردىگار ئامانلىقتۇر» دېگەن مەنىدە.
7 گىدئوننىڭ مىديانلارنى مەغلۇپ قىلىشى 1شۇنىڭ بىلەن يىرۇببائال، يەنى گىدئون سەھەر تۇرۇپ ئۆزىگە قوشۇلغان ھەممە قوشۇنلىرى بىلەن خارود بۇلىقىنىڭ يېنىغا كېلىپ چېدىرلىرىنى تىكتى. مىديانلارنىڭ بارگاھى، ئۇلارنىڭ شىمال تەرىپىدىكى جىلغا ئىچىدە، يەنى مورەھ تۆپىلىكىنىڭ يېنىدا ئىدى. 2پەرۋەردىگار گىدئونغا: _ ساڭا قوشۇلغان ئادەم ناھايىتى كۆپ ئىكەن، ئەگەر مەن ئىسرائىللارنى مىديانلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلدۇرسام، ئۇلار ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ غەلىبە قىلدۇق، دەپ ئويلاپ ماختىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن 22 مىڭ كىشى قايتىپ كېتىپ، 10 مىڭ كىشى قېلىپ قالدى. 4پەرۋەردىگار گىدئونغا يەنە: _ قېلىپ قالغان كىشىلەر يەنىلا كۆپ، ئۇلارنى سۇ بويىغا ئېلىپ بار، مەن ئۇ يەردە ئۇلارنى سىنايمەن. ئەگەر مەن: «بۇ ئادەم بارسۇن» دېسەم، ئۇ بارسۇن، مەن: «بۇ ئادەم بارمىسۇن» دېسەم، ئۇ بارمىسۇن، _ دېدى. 5گىدئون ئۆزىگە قوشۇلغان كىشىلەرنى سۇ بويىغا ئېلىپ باردى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ سەن، سۇنى قولىغا ئېلىپ تىلى بىلەن ئىتقا ئوخشاش يالاپ ئىچىدىغانلار بىلەن، سۇنى يۈكۈنۈپ تۇرۇپ ئىچىدىغانلارنى ئايرىپ چىق، _ دېدى.
6300 ئادەم سۇنى قولىغا ئېلىپ يالاپ ئىچتى، قالغانلىرى سۇغا ئېڭىشىپ يۈكۈنۈپ تۇرۇپ ئىچتى. _ مەن سۇنى قولىغا ئېلىپ يالاپ ئىچكەن شۇ 300 ئادەم بىلەن سىلەرنى قۇتقۇزۇپ، مىديانلارنى قولۇڭلارغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. قالغانلارنىڭ ھەممىسى قايتىپ كەتسۇن، _ دېدى. 8گىدئون 300 ئادەمنى ئېلىپ قېلىپ، باشقىلارنى ئۆز چېدىرلىرىغا كەتكۈزۈۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن تاللانغان ئادەملەر كەتكەنلەرنىڭ ئوزۇق-تۈلۈك ۋە چالىدىغان بۇرغالىرىنى ئۆزلىرىگە ئېلىپ قالدى. مىديانلارنىڭ بارگاھى پەستىكى جىلغىغا جايلاشقانىدى. 9شۇ كېچىسى پەرۋەردىگار گىدئونغا: _ ئورنۇڭدىن تۇر! مىديانلارنىڭ بارگاھىغا ھۇجۇم قىل. مەن ئۇلارنى سېنىڭ قولۇڭغا چۈشۈرۈپ بېرىمەن. شۇنىڭ بىلەن گىدئون چاكىرىنى ئېلىپ دۈشمەن بارگاھىنىڭ يېنىغا باردى. 13گىدئون بارگاھقا يېقىن كېلىپ، بىر كىشىنىڭ ئۆز ھەمراھىغا كۆرگەن چۈشىنى ئېيتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى. ئۇ كىشى: _ مەن بىر چۈش كۆرۈپتىمەن. چۈشۈمدە بىر ئارپا نېنى بىز مىديانلارنىڭ بارگاھىغا دومىلاپ كىرىپ، چېدىرغا تېگىپ كېتىشى بىلەن تەڭ چېدىر ئۆرۈلۈپ چۈشۈپتۇدەك، _ دېيىشى بىلەن، _ ئۇ باشقا نەرسە ئەمەس، ئىسرائىللاردىن بولغان يوئاشنىڭ ئوغلى گىدئوننىڭ قىلىچى! خۇدا مىديانلارنى ۋە پۈتۈن قوشۇنىمىزنى ئۇنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بېرىپتۇ، _ دېدى. 15گىدئون بۇ چۈشنى ۋە ئۇنىڭ تەبىرىنى ئاڭلىغان ھامان خۇداغا ھەمدۇسانالار ئېيتتى. ئۇ ئىسرائىللارنىڭ بارگاھىغا قايتىپ كېلىپ، ئادەملىرىگە: _ تۇرۇڭلار! پەرۋەردىگار مىديانلارنىڭ قوشۇنىنى سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا چۈشۈرۈپ بېرىدۇ! _ دېدى.
16گىدئون قول ئاستىدىكى 300 ئادەمنى ئۈچ توپقا بۆلۈپ، ھەربىر ئادەمگە بىر بۇرغا بىلەن ئىچىگە مەشئەل قويۇلغان بىر كوزا بېرىپ، _ مەن دۈشمەن بارگاھىنىڭ يېنىغا بارغاندا، مەندىن كۆز ئۈزمەي قاراپ تۇرۇڭلار. مەن نېمە قىلسام، سىلەرمۇ شۇنى قىلىڭلار.
19گىدئون ۋە ئۇنىڭ 100 ئادىمى تۈن يېرىم بولۇشتىن ئىلگىرى مىديانلارنىڭ قاراۋۇللىرى ئالماشقاندىن كېيىن بارگاھنىڭ يېنىغا يېتىپ باردى. ئۇلار بۇرغا چېلىپ قوللىرىدىكى كوزىلارنى چېقىۋەتتى، _ پەرۋەردىگار ئۈچۈن، گىدئون ئۈچۈن قىلىچنى كۆتۈرەيلى! _ دەپ ۋارقىراشتى.
21ئۇلار بارگاھنىڭ ئەتراپىدا ئۆز ئورۇنلىرىدا مەھكەم تۇردى. دۈشمەن قوشۇنى پاتىپاراق بولۇپ، داد-پەرياد كۆتۈرۈپ قاچقىلى تۇردى. 24گىدئون ئەفرايىم تاغلىق رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا: _ سىلەرمۇ چۈشۈپ مىديانلارغا قارشى جەڭگە ئاتلىنىڭلار، ئىئوردان دەرياسىنىڭ كېچىكىنى بەيت-باراھ شەھىرىگىچە ئىشغال قىلىپ، مىديانلارنىڭ دەريادىن ئۆتۈشىگە يول قويماڭلار، _ دېدى. ئەفرايىم قەبىلىسىنىڭ ئادەملىرى توپلىنىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ كېچىكىنى تاكى بەيت-باراھ شەھىرىگىچە ئىشغال قىلدى. 8 گىدئوننىڭ مىديان سەركەردىلىرىنى مەغلۇپ قىلىشى 1ئەفرايىم قەبىلىسىدىكىلەر گىدئونغا: _ سەن بىزگە نېمىشقا بۇنداق قىلىسەن؟ سەن مىديانلار بىلەن جەڭگە چىققاندا، نېمىشقا بىزنى چاقىرمايسەن؟ _ دەپ گىدئوننى قاتتىق ئەيىبلىدى. 2گىدئون ئۇلارغا: _ مېنىڭ قىلغان ئىشلىرىم قانداقمۇ سىلەرنىڭ قىلغان ئىشلىرىڭلارغا تەڭ كەلسۇن؟ ئەفرايىم زېمىنىدىكى ھوسۇلۇڭلاردىن ئېشىپ قالغان ئۈزۈملەر مېنىڭ ئۆز جەمەتىم بولغان ئابىئەزەرلەرنىڭ بىر يىللىق ھوسۇلىدىنمۇ كۆپقۇ؟ گىدئوننىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلىغان ئەفرايىم قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ ئاچچىقلىرى يېنىشتى.
4گىدئون 300 ئادەم بىلەن ئىئوردان دەرياسىدىن كېسىپ ئۆتتى. ئۇلار ھېرىپ كەتكەن بولسىمۇ، دۈشمەننى داۋاملىق قوغلاپ زەربە بەردى. _ ئادەملىرىمگە نان بەرسەڭلار، ئۇلار بەك چارچاپ كەتتى. بىز يەنە مىديانلارنىڭ ئىككى شاھى زەباخ بىلەن زالمۇننانى قوغلاپ تۇتۇشىمىز كېرەك، _ دېدى. 6سۇككوتنىڭ ئەمەلدارلىرى گىدئونغا: _ سەن تېخى زەباخ بىلەن زالمۇننانى قولغا چۈشۈرمىگەن تۇرساڭ، بىز نېمىشقا سېنىڭ ئادەملىرىڭگە نان بەرگۈدەكمىز؟ _ دېدى. 7گىدئون ئۇلارغا: _ ئۇنداقتا پەرۋەردىگار زەباخ بىلەن زالمۇننانى قولۇمغا چۈشۈرۈپ بەرگەندىن كېيىن، مەن قايتىپ كېلىپ چۆلدىكى تىكەن ۋە يانتاق بىلەن تېرەڭلارنى شىلىمەن، _ دېدى.
8گىدئون سۇككوتتىن چىقىپ پىنۇئېل شەھىرىگە كېلىپ ئۇلاردىنمۇ نان تەلەپ قىلدى. بىراق ئۇلارمۇ سۇككوتلارغا ئوخشاش جاۋاب بەردى. _ مەن نۇسرەت قۇچۇپ قايتىپ كەلگەندە، شەھەر قەلئەسىنى ۋەيران قىلىۋېتىمەن، _ دېدى.
10شۇ ۋاقىتتا زەباخ بىلەن زالمۇننا ۋە ئۇلارنىڭ لەشكەرلىرى قارقور دېگەن جايدا ئىدى. ئۇلارنىڭ سانى ئالاھازەل 15 مىڭ بولۇپ، ھەممىسى شەرقتىكى قەبىلىلەرنىڭ لەشكەرلىرىدىن قېلىپ قالغانلىرى ئىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ 120 مىڭ قىلىچلىق لەشكىرى ئۆلگەنىدى.
13ئاندىن يوئاشنىڭ ئوغلى گىدئون خەرەس داۋىنى بىلەن جەڭ مەيدانىدىن قايتىپ كەلدى. _ مانا، زەباخ بىلەن زالمۇننا! سىلەر ماڭا: «سەن تېخى زەباخ بىلەن زالمۇننانى قولغا چۈشۈرمىگەن تۇرساڭ، بىز نېمىشقا سېنىڭ ھالىدىن كەتكەن ئادەملىرىڭگە نان بەرگۈدەكمىز؟» دەپ تاپا-تەنە قىلغانىدىڭلار، _ دېدى.
16ئۇ شەھەر يولباشچىلىرىنى تۇتۇپ كېلىپ، چۆلدىكى تىكەن ۋە يانتاق بىلەن ئۇلارنىڭ تېرىسىنى شىلدى. 18گىدئون زەباخ بىلەن زالمۇننادىن: _ سىلەر تابور تېغىدا ئۆلتۈرگەن ئادەملەر قانداق ئادەملەر ئىدى؟ _ دەپ سورىدى. ئۇلار جاۋابەن: _ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ساڭا ئوخشايدىغان شاھزادە سۈپەت ئادەملەر ئىدى، _ دېدى. 19گىدئون ئۇلارغا: _ ئۇلار مېنىڭ قېرىنداشلىرىم، ئانامنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا شۇنداق قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر سىلەر ئۇلارنى ھايات قالدۇرغان بولساڭلار، مەنمۇ سىلەرنى ھايات قالدۇرغان بولاتتىم، _ دېدى.
20ئاندىن ئۇ چوڭ ئوغلى يەتەرگە: «ئورنۇڭدىن تۇر، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋەت!» دەپ بۇيرۇدى. لېكىن يەتەر تېخى كىچىك بولغاچقا، قورقۇپ كېتىپ قىلىچىنى چىقىرالمىدى. _ سەن ھەقىقىي ئەركەك بولساڭ، ئۆزۈڭ بىزنى ئۆلتۈرگىن! _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن گىدئون ئۆز قولى بىلەن ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋەتتى، ھەمدە ئۇلارنىڭ تۆگىلىرىنىڭ بوينىدىكى ھىلال ئاي شەكلىدىكى بېزەكلىرىنى ئېلىۋالدى. گىدئوننىڭ بۇتپەرەسلىك يولىغا مېڭىشى 22ئاندىن ئىسرائىللار گىدئونغا: _ سەن بىزگە ھۆكۈمرانلىق قىلغايسەن، ئوغلۇڭدىن تارتىپ نەۋرەڭگىچە ئۈستىمىزدىن ھۆكۈم سۈرگەي. چۈنكى سەن بىزنى مىديانلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدۇڭ، _ دېدى. 23گىدئون ئۇلارغا: _ مەن ھۆكۈمرانلىق قىلمايمەن، مېنىڭ ئوغلۇممۇ ھەم شۇنداق، پەرۋەردىگار سىلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ، _ دېدى. 24گىدئون ئۇلارغا يەنە: _ مېنىڭ سىلەرگە دەيدىغان بىرلا تەلىپىم بار، ماڭا ئولجاڭلار ئىچىدىن ھەربىرىڭلار بىردىن ھالقا بېرىڭلار، _ دېدى. (مىديانلار ئىسمائىللاردىن بولغاچقا، ئۇلار ئالتۇن ھالقا تاقايتتى.)
25ئۇلار گىدئونغا: «بىز بېرىشكە رازى!» دېدى-دە، توندىن بىرنى يەرگە يېيىپ، ھەربىرى بىردىن ھالقىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە تاشلاشتى. گىدئوننىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشى
28شۇنداق قىلىپ مىديانلار ئىسرائىللار تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، جەڭ قىلىش ئىرادىسى سۇندۇرۇلدى. بۇ زېمىن گىدئون ئالەمدىن ئۆتكىچە بولغان 40 يىل تىنچ-ئامان تۇردى.
33گىدئون ئالەمدىن ئۆتۈشى بىلەنلا ئىسرائىللار يەنە بائالغا چوقۇنۇپ ئۇنىڭغا خۇددى پاھىشىلەردەك سېتىلدى. ئۇلار بائال-بىرىتنى ئۆزلىرىنىڭ ئىلاھى قىلدى. *27ئېفود _ بۇ يەردە ئالتۇندىن ياسالغان ھەيكەلنى كۆرسىتىدۇ. *31ئابىمەلەك _ ئىبرانىي تىلىدا «ئاتام پادىشاھتۇر» دېگەن مەنىدە.
9 ئابىمەلەكنىڭ شەكەم شەھىرىگە پادىشاھ بولۇشى 1يىرۇببائالنىڭ ئوغلى ئابىمەلەك شەكەم شەھىرىگە بېرىپ، ئۆز ئانىسىنىڭ تۇغقانلىرىغا ۋە پۈتۈن جەمەتىگە: 2_ سىلەر شەكەمنىڭ ئاقساقاللىرىغا: «ئۆزۈڭلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا يىرۇببائال _ گىدئوننىڭ 70 ئوغلىنى خالامسىلەر ياكى بىر كىشىنىمۇ؟ ئۇنتۇپ قالماڭلار مەنمۇ سىلەرنىڭ قان قېرىندىشىڭلار!» دەڭلار، _ دېدى.
3شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ تۇغقانلىرى ئابىمەلەك ئۈچۈن شەكەمنىڭ پۈتۈن ئاقساقاللىرىغا سۆز قىلدى. يئاقساقاللار: «ئۇ بىزنىڭ قېرىندىشىمىز» دەپ، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئابىمەلەككە ئەگىشىشنى قارار قىلدى. يوتەمنىڭ تەمسىلى 7بۇ خەۋەر يوتەمغە يەتكەندە، ئۇ گىرىزىم تېغىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، ۋارقىراپ تۇرۇپ: _ گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار شەكەمنىڭ ئاقساقاللىرى! ئەگەر سىلەر مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلىساڭلار، خۇدامۇ سىلەرنىڭ گېپىڭلارنى ئاڭلايدۇ. 8بۇرۇنقى زاماندا دەرەخلەر ئۆزلىرىگە پادىشاھ ئىزدەپ، زەيتۇن دەرىخىگە: «بىزگە پادىشاھ بولغىن» دەپتۇ. «مەن ئىلاھلار ۋە كىشىلەر شەرىپىگە بېرىدىغان مېيىمدىن ۋاز كېچىپ، دەرەخلەرگە پادىشاھ بولامتىم؟» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. 10ئاندىن دەرەخلەر ئەنجۈر دەرىخىگە: «سەن كېلىپ بىزگە پادىشاھ بولغىن» دەپتۇ. «مەن ئۆزۈمنىڭ تاتلىق ۋە ياخشى مېۋىلىرىمنى تاشلاپ، دەرەخلەرگە پادىشاھ بولامتىم؟» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. 12شۇنىڭ بىلەن دەرەخلەر ئۈزۈم كۆچىتىگە: «سەن كېلىپ بىزگە پادىشاھ بولغىن» دەپتۇ. «مەن ئىلاھلار ۋە كىشىلەرگە خۇشاللىق بېغىشلايدىغان ئېسىل شارابىمدىن ۋاز كېچىپ، دەرەخلەرگە پادىشاھ بولامتىم؟» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. 14ئەڭ ئاخىرىدا بارلىق دەرەخلەر يانتاققا: «سەن كېلىپ بىزگە پادىشاھ بولغىن» دەپتۇ. «ئەگەر سىلەر مېنى سەمىمىي نىيىتىڭلار بىلەن ئۆزۈڭلارغا پادىشاھ قىلماقچى بولساڭلار، كېلىپ مېنىڭ سايەم ئاستىدا پاناھلىنىڭلار. ئۇنداق بولمىسا، مەن يانتاقتىن ئوت چىقىپ، لىۋان كېدىر دەرەخلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىغاي» دەپتۇ. 16يوتەم سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: _ سىلەر سەمىمىي ۋە دۇرۇس نىيىتىڭلار بىلەن ئابىمەلەكنى پادىشاھ قىلغان بولساڭلار، ياكى سىلەر يىرۇببائالغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ساداقەت كۆرسەتكەن بولساڭلار، سىلەر يىرۇببائالنىڭ قىلغان ئىشلىرىغا لايىق جاۋاب قايتۇرغان بولاتتىڭلارغۇ!
17ئاتام سىلەر ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىپ، ھاياتىغا تەۋەككۈل قىلىپ سىلەرنى مىديانلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدى.
19ئەگەر سىلەر بۈگۈنكى كۈنلۈكتە يىرۇببائال ۋە ئۇنىڭ جەمەتىگە سەمىمىي ۋە دۇرۇس نىيىتىڭلار بىلەن مۇئامىلە قىلغان بولساڭلار، ئابىمەلەك سىلەردىن، سىلەرمۇ ھەم ئابىمەلەكتىن ئۆزئارا خۇشاللىق تاپقايسىلەر. 21شۇنىڭدىن كېيىن، يوتەم ئاكىسى ئابىمەلەكتىن قورقۇپ، قېچىپ بەئەر دېگەن جايغا بېرىپ ياشىدى. شەكەملىكلەرنىڭ ئابىمەلەكتىن يۈز ئۆرۈشى
22ئابىمەلەك ئىسرائىللارغا ئۈچ يىل ھۆكۈمران بولدى.
26ئەبىدنىڭ ئوغلى گائال شەكەم شەھىرىگە قېرىنداشلىرى بىلەن كۆچۈپ كېلىپ، شەكەم ئاقساقاللىرىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى. _ ئابىمەلەك دېگەن كىم ئىكەن، بىز شەكەملىكلەرنى ئۆز خىزمىتىگە سالغۇدەك؟ ئۇ دېگەن يىرۇببائالنىڭ ئوغلىغۇ؟ زىبۇلمۇ پەقەت ئۇنىڭ بىر ئەمەلدارى خالاس! شەكەمنىڭ ئاتىسى بولغان خامورنىڭ ئەۋلادلىرىغا خىزمەت قىلىڭلار! نېمىشقا ئابىمەلەككە خىزمەت قىلغۇدەكمىز؟
30شەھەر ھاكىمى بولغان زىبۇل ئەبىدنىڭ ئوغلى گائالنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ، غەزەپلەندى.
34شۇنىڭ بىلەن ئابىمەلەك ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى كېچىلەپ شەكەم شەھىرىگە يېقىن كېلىپ، تۆت توپقا بۆلۈنۈپ بۆكتۈرمىدە ياتتى. _ قارا! تاغلىرىدىن ئادەملەر چۈشۈۋاتىدۇ، _ دېدى. زىبۇل ئۇنىڭغا: _ ئۇ پەقەت تاغلاردىكى سايىلەر، قارىماققا ئادەمگە ئوخشايدۇ، _ دېدى. _ ياق! ئادەملار تاغدىن چۈشۈۋاتىدۇ. يەنە بىر توپ ئادەم «پالچىلار دۇب دەرىخى» يولى بىلەن كېلىۋاتىدۇ، _ دېدى. _ ماختانچاق ئاغزىڭ قېنى؟ سەن: «ئابىمەلەك دېگەن كىم ئىكەن؟ بىز نېمىشقا ئۇنىڭغا خىزمەت قىلغۇدەكمىز؟» دېگەن ئەمەسمىدىڭ؟ بۇ ئادەملەر سەن زاڭلىق قىلغان ئادەملەر ئەمەسمۇ؟ ئەمدى چىقىپ ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىل! _ دېدى.
39شۇنىڭ بىلەن گائال شەكەم ئاقساقاللىرىنى باشلاپ ئابىمەلەك بىلەن ئۇرۇش قىلدى.
42ئەتىسى شەكەملىكلەر ئېتىزلىققا چىقماقچى بولغاندا، ئابىمەلەك بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ،
46شەكەم قەلئەسىدە تۇرىدىغان خەلق بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، بائال-بىرىت بۇتخانىسىنىڭ يەر ئاستى ئۆيىگە كىرىۋالدى.
50ئاندىن كېيىن ئابىمەلەك تىبېز شەھىرىنى قورشاۋغا ئېلىپ، ئۇنى ئىشغال قىلدى. _ قىلىچىڭنى چىقىرىپ، مېنى ئۆلتۈرۈۋەت! «ئابىمەلەك بىر ئايالنىڭ قولىدا ئۆلگەن» دېيىلمىسۇن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يىگىت قىلىچنى ئۇنىڭغا تىقىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. 10 تولاھ ۋە يائىرنىڭ ئىسرائىللارغا سەردار بولۇشى
1ئابىمەلەك ئۆلگەندىن كېيىن، ئىسساكار قەبىلىسىدىن بولغان پۇئاھنىڭ ئوغلى، دودونىڭ نەۋرىسى تولاھ ئىسرائىل خەلقىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇ ئەفرايىم تاغلىق رايونىنىڭ شامىر دېگەن يېرىدە ياشايتتى.
3تولاھ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، گىلئادلىق يائىر ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئىسرائىللارغا 22 يىل سەردار بولدى. ئاممونلارنىڭ ئىسرائىللارنى ئېزىشى 6ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يەنە يامان ئىش قىلدى. ئۇلار بائال ۋە ئاشتورەت دېگەن بۇتلارغا چوقۇندى. شۇنداقلا سۈرىيە، سىدون، موئاب، ئاممون ۋە فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇندى. ئۇلار پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىشتىن ۋاز كېچىپ، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈدى.
7شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا قەھر-غەزىپى قايناپ تېشىپ، ئۇلارنى فىلىستىيەلىكلەر بىلەن ئاممونلارنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. 10ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا: _ بىز سەن خۇدايىمىزدىن يۈز ئۆرۈپ، بائالغا چوقۇنۇپ، سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھ ئۆتكۈزدۇق، _ دەپ نالە-پەرياد قىلدى. _ مەن سىلەرنى مىسىرلىقلار، ئامورلار، ئاممونلار ۋە فىلىستىيەلىكلەردىن قۇتقۇزمىغانمۇ؟ 15ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا يەنە يېلىنىپ: _ بىز گۇناھ ئۆتكۈزدۇق، بىزنى نېمە قىلىشنى خالىساڭ شۇنداق قىلغايسەن، لېكىن بىزنى بۈگۈن قۇتقۇزغايسەن، _ دېدى. 16شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يات ئىلاھلىرىنى تاشلاپ، پەرۋەردىگارغا يەنە خىزمەت قىلدى. پەرۋەردىگار ئاخىرى ئىسرائىللارنىڭ زۇلۇم تارتىشىغا قاراپ تۇرالمىدى.
17ئاممونلار يېتىپ كېلىپ گىلئاد زېمىنىغا بارگاھ قۇردى. ئىسرائىللارمۇ توپلىشىپ، مىزپاھ شەھىرىگە بارگاھ قۇردى. _ كىم ئاۋۋال ئاممونلارغا ھۇجۇم قىلسا، ئۇ بىز گىلئادلىقلارنىڭ باشلىقى بولىدۇ، _ دېيىشتى. 11 يىفتاھنىڭ ئىسرائىللارغا سەردار بولۇشى
1گىلئادلىق يىفتاھ بىر باتۇر جەڭچى ئىدى. ئۇ گىلئادنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئانىسى پاھىشە ئىدى. _ سېنىڭ ئاتىمىزنىڭ ئۆي-زېمىنىغا ۋارىسلىق قىلىشقا ھەققىڭ يوق! چۈنكى سەن دېگەن باشقا ئايالنىڭ بالىسى، _ دېدى.
3شۇنىڭ بىلەن يىفتاھ قېرىنداشلىرىدىن قېچىپ، توب زېمىنىغا بېرىپ، شۇ يەردە ياشىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ ئەتراپىغا بىر توپ ئۆكتەملەر توپلىشىپ، ئۇنىڭغا ئەگەشتى. _ بىز ئاممونلار بىلەن ئۇرۇش قىلماقچى، سەن قايتىپ كېلىپ بىزگە سەركەردە بولغىن، _ دېدى. 7ئەمما يىفتاھ گىلئادلىق ئاقساقاللارغا: _ مەندىن نەپرەتلەنگەن، مېنى ئاتامنىڭ ئۆيىدىن قوغلاپ چىقارغانلار سىلەر ئەمەسمۇ؟ ئەمدى بېشىڭلارغا كۈن چۈشۈپ مۈشكۈلاتتا قالغاندا، مېنى ئىزدەپ كەپسىلەرغۇ؟ _ دېدى. 8گىلئادلىق ئاقساقاللار مۇنداق دېدى: _ بولار ئىش بولدى، بىز سېنىڭ ئالدىڭغا بىزگە باش بولۇپ ئاممونلارغا قارشى جەڭ قىلسىكەن، دەپ كەلدۇق. 9يىفتاھ ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: _ ئەگەر مەن سىلەرگە باش بولۇپ ئاممونلار بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، پەرۋەردىگار ئۇلارنى مېنىڭ قولۇمغا چۈشۈرسە، سىلەر راستتىنلا مېنى ئۆزۈڭلارغا باش قىلامسىلەر؟ _ دېدى. 10ئۇلار: _ پەرۋەردىگار گۇۋاھ بولسۇنكى، بىز سېنى چوقۇم ئۆزىمىزگە باش قىلىمىز، _ دېدى. 11شۇنىڭ بىلەن يىفتاھ گىلئادلىق ئاقساقاللار بىلەن بىللە گىلئادقا قايتتى. خەلق ئۇنى ئۆزلىرىگە باش ۋە سەركەردە قىلدى. يىفتاھ مىزپاھ شەھىرىدە گىلئادلىق ئاقساقاللارغا ئېيتقان سۆزلىرىنى پەرۋەردىگار گۇۋاھ بولسۇن دەپ، يەنە بىر قېتىم تەكرارلىدى. 12ئاندىن كېيىن يىفتاھ ئاممونلارنىڭ پادىشاھىغا ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭدىن: _ سەن نېمە ئۈچۈن زېمىنىمىزغا ھۇجۇم قىلىپ، بىز بىلەن ئۇرۇشماقچى بولىسەن؟ _ دەپ سورىدى. 13ئاممونلارنىڭ پادىشاھى يىفتاھنىڭ ئەلچىسىدىن مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: _ ئىسرائىللار مىسىردىن چىقىپ، مېنىڭ ئارنون دەرياسىدىن تارتىپ غەربتە ئىئوردان دەرياسىنىڭ شىمالدىكى ياببوق دەرياسىغىچە بولغان زېمىنىمنى بېسىۋالدى. ھازىر ئۇنى ماڭا تىنچ يول بىلەن قايتۇرۇپ بېرىڭلار.
14يىفتاھ ئاممونلارنىڭ پادىشاھىغا يەنە ئەلچى ئەۋەتىپ، _ يىفتاھ شۇنداق دەيدۇكى: «ئىسرائىللار ھېچقاچان موئابلار ياكى ئاممونلارنىڭ زېمىنىنى بېسىۋالمىدى.
25سىلەر موئابلارنىڭ پادىشاھى زىپپورنىڭ ئوغلى بالاقدىنمۇ كۈچلۈكمۇ؟ ئۇ ئىسرائىللارغا قارشى تۇرۇپ، ئۇلار بىلەن زېمىن تالىشىپ ئۇرۇش قىلىپ باققانمىدى؟ 28ئەمما ئاممونلارنىڭ پادىشاھى يىفتاھ ئەۋەتكەن ئەلچىلەرنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالمىدى. يىفتاھنىڭ نادانلارچە قەسەم قىلىشى
29پەرۋەردىگارنىڭ روھى يىفتاھنىڭ ۋۇجۇدىغا چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ گىلئاد ۋە ماناسسە زېمىنىدىن ئۆتۈپ، يەنە گىلئاد زېمىنىدىكى مىزپاھ شەھىرىگە قايتىپ كېلىپ، شۇ يەردىن ئاممونلارغا ھۇجۇمغا ئۆتتى. _ ئاممونلارنى مېنىڭ قولۇمغا چۈشۈرۈپ بەرسەڭ،
32شۇنىڭ بىلەن يىفتاھ ئىسرائىللارنى باشلاپ ئاممونلار بىلەن ئۇرۇش قىلدى. پەرۋەردىگار ئاممونلارنى ئۇنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. _ ۋاي قىزىم! سەن مېنى ئېچىنىشلىق قايغۇ-ئەلەمگە مۇپتىلا قىلدىڭ! مەن پەرۋەردىگارغا قەسەم قىلغانىدىم، قەسىمىمدىن يانالمايمەن، _ دېدى. 36قىزى ئۇنىڭغا: _ ئەي ئاتا، سەن پەرۋەردىگارغا ۋەدە قىلغان ئىكەنسەن، مېنى شۇ بويىچە بىر تەرەپ قىلغىن. چۈنكى پەرۋەردىگار سېنىڭ دۈشمىنىڭ بولغان ئاممونلاردىن ئۆچۈڭنى ئېلىپ بەردى.
38دادىسى: «بوپتۇ، بارغىن» دەپ، ئۇنىڭغا ئىككى ئايلىق رۇخسەت بېرىپ يولغا سالدى. قىز ھەمراھلىرى بىلەن بىللە تاغقا چىقىپ، ئۆزىنىڭ يۈزى ئېچىلمىغان قىز پېتى ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىغا ئاھ ئۇرۇپ يىغلىدى. 12 ئەفرايىم قەبىلىسىنىڭ يىفتاھ بىلەن جەڭ قىلىشى 1ئەفرايىم قەبىلىسى قوشۇن توپلاپ، ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، زافون شەھىرىگە كەلدى. ئۇلار يىفتاھقا: _ سەن نېمە ئۈچۈن ئاممونلار بىلەن ئۇرۇش قىلغان چاغدا بىزنى چاقىرىۋالمىدىڭ؟ بىز ئۆيۈڭنى سەن بىلەن قوشۇپ كۆيدۈرۈۋېتىمىز! _ دېدى. 2يىفتاھ جاۋابەن مۇنداق دېدى: _ مەن خەلقىم بىلەن بىرلىكتە ئاممونلار بىلەن قاتتىق ئۇرۇش قىلغاندا سىلەرنى شۇنچە چاقىرساممۇ، لېكىن سىلەر بىزنى ئۇلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇۋالمىدىڭلار. 4ئەفرايىم قەبىلىسىدىكىلەر مۇنداق دېيىشتى: _ سىلەر گىلئادلىقلار پەقەت ئەفرايىم بىلەن ماناسسە زېمىنلىرىدا ياشاۋاتقان ئەفرايىملىق قاچقۇنسىلەر! شۇنىڭ بىلەن يىفتاھ بارلىق گىلئادلىقلارنى يىغىپ، ئەفرايىم قوشۇنىغا قارشى ئاتلاندى ۋە ئۇرۇش قىلىپ ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدى. 7يىفتاھ ئىسرائىل خەلقىگە ئالتە يىل سەردار بولدى. ئۇ ۋاپات بولغان چاغدا، گىلئاد زېمىنىدىكى شەھەرلەرنىڭ بىرىگە دەپنە قىلىندى. ئىبزان، ئېلون ۋە ئابدوننىڭ ئىسرائىللارغا سەردار بولۇشى
8يىفتاھ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، بەيتلەھەملىك بولغان ئىبزان ئىسرائىل خەلقىگە سەردار بولدى.
11ئىبزاندىن كېيىن زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن بولغان ئېلون ئىسرائىللارغا ئون يىل سەردار بولدى.
13ئېلوندىن كېيىن، پىراتون شەھىرىلىك ھىللېلنىڭ ئوغلى ئابدون ئىسرائىللارغا سەردار بولدى. 13 شىمشوننىڭ تۇغۇلۇشى
1ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يەنە يامان ئىش قىلدى. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئۇلارنى 40 يىلغىچە فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. _ قارا، سەن ھازىرغىچە پەرزەنت يۈزى كۆرەلمىگەنىدىڭ، ئەمما كۆپ ئۆتمەي ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغىسەن. 6ئايال ئېرىنىڭ يېنىغا كېلىپ: _ خۇدانىڭ ئەۋەتكەن ئادىمى يېنىمغا كەلدى، ئۇنىڭ تۇرقى پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىگە ئوخشايدىكەن، بەكمۇ سالاپەتلىك ئىكەن. مەن ئۇنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى سورىمىدىم، ئۇمۇ ماڭا ئۆز ئىسمىنى ئېيتىپ بەرمىدى. 8مانوۋاھ پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلىپ: _ ئەي ئىگەم، سەن ئەۋەتكەن شۇ ئادەمنى يەنە بىر قېتىم ئەۋەتكەيسەن. بىزگە تۇغۇلىدىغان بالا توغرىسىدا قانداق قىلىشىمىزدىن تەلىم بەرسۇن، _ دېدى. 9خۇدا مانوۋاھنىڭ ئىلتىجاسىنى ئاڭلىدى. ئۇنىڭ ئايالى ئېتىزدا ئارام ئېلىپ ئولتۇرغىنىدا خۇدانىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭ يېنىغا يەنە كەلدى. بۇ چاغدا مانوۋاھ ئۇنىڭ يېنىدا ئەمەس ئىدى. 10ئايالى ئالدىراپ ئېرىنىڭ يېنىغا كېلىپ: _ ئالدىنقى كۈنى ماڭا كۆرۈنگەن ئادەم يەنە كەلدى، _ دېدى. 11مانوۋاھ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئايالىغا ئەگىشىپ ئۇ ئادەمنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە ئۇنىڭدىن: _ ئالدىنقى قېتىم ئايالىمغا گەپ قىلغان سىزمۇ؟ _ دەپ سورىدى. ئۇ ئادەم: «شۇنداق، مەن» دەپ جاۋاب بەردى. 12مانوۋاھ ئۇنىڭدىن يەنە: _ سىزنىڭ سۆزلىرىڭىز ئەمەلگە ئاشقاندىن كېيىن، بالا قانداق تەربىيىلىنىشى كېرەك؟ ئۇنىڭ ۋەزىپىسى نېمە؟ _ دەپ سورىدى. _ ئايالىڭ مېنىڭ ئېيتقانلىرىمنى ئېسىدە چىڭ ساقلىسۇن. 15مانوۋاھ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىگە: _ سىزگە ئاتاپ بىر ئوغلاق سوياي، پىشقۇچە بىردەم ئولتۇرۇپ تۇرغايسىز، _ دېدى. 16پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى مانوۋاھقا: _ بىردەم ئولتۇرۇپ تۇرغىنىم بىلەنمۇ بەرىبىر، يېمەكلىكىڭنى يېمەيمەن. ئەمما سەن بىر كۆيدۈرمە قۇربانلىق تەييارلاپ، ئۇنى پەرۋەردىگارغا تەقدىم قىلغىن، _ دېدى (بۇ ۋاقىتتا مانوۋاھ ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى). 17مانوۋاھ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىگە: _ ئىسمىڭىزنى ماڭا ئېيتىپ بەرگەيسىز، دېگەنلىرىڭىز ئەمەلگە ئاشقاندا نام-شەرىپىڭىزنى ئۇلۇغلايمىز، _ دېدى. 18پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى مانوۋاھقا: _ ئىسمىمنى سوراپ نېمە قىلىسەن؟ ئىسمىمنى چۈشىنىشكە سېنىڭ ئەقلىڭ يەتمەيدۇ، _ دېدى.
19شۇنىڭ بىلەن مانوۋاھ پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئوغلاق بىلەن ئاشلىق ھەدىيەسىنى قۇربانلىق سۇپىسى ئورنىدا ئىشلىتىلگەن بىر قورام تاش ئۈستىگە قويۇپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى. پەرۋەردىگار مانوۋاھ بىلەن ئۇنىڭ ئايالىنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆز مۆجىزىسىنى كۆرسەتتى. _ بىز ئۆلىدىغان بولدۇق، چۈنكى بىز خۇدانى كۆردۇق، _ دېدى. 23ئەمما ئايالى ئۇنىڭغا: _ پەرۋەردىگارنىڭ بىزنى ئۆلتۈرگۈسى بولسا، بىزنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقىمىز ۋە ئاشلىق ھەدىيەيىمىزنى قوبۇل قىلمىغان، بىزگە بۇ كارامەتلەرنى كۆرسەتمىگەن ۋە بۇ ئاجايىپ ئىشلاردىن خەۋەر بەرمىگەن بولاتتى، _ دېدى. 24كېيىن مانوۋاھنىڭ ئايالى بىر ئوغۇل تۇغدى ھەمدە ئۇنىڭغا شىمشون دەپ ئىسىم قويدى. بۇ ئوغۇل چوڭ بولغاندا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بەخت ئاتا قىلدى. 25شىمشون زورئاھ ۋە ئەشتائول شەھىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دان قارارگاھىدا تۇرغاندا، پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇنى يېتەكلەشكە باشلىدى.
14 شىمشوننىڭ توي قىلىشى
1شىمشون تىمناھ شەھىرىگە بېرىپ، بۇ شەھەردە فىلىستىيەلىك بىر قىزنى كۆرۈپ قالدى. _ تىمناھ شەھىرىدە فىلىستىيەلىك بىر قىزغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. ئۇنىڭ بىلەن توي قىلاي دەيمەن، ئۇنى ماڭا ئېلىپ بېرىڭلار، _ دېدى. 3ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا: _ تۇغقانلار ياكى ئۆز خەلقىمىز ئارىسىدا قىزلار قالمىدىمۇ؟ ئاشۇ خەتنىسىز فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قىزىنى ئالماقچىمۇ سەن؟ _ دېدى. ئەمما شىمشون ئاتىسىغا: _ ئۇ قىزنى ماڭا ئېلىپ بېرىسەن! ئۇ قىز ماڭا يېقىپ قالدى، _ دېدى. 4شىمشوننىڭ ئاتا-ئانىسى بۇ ئىشنىڭ پەرۋەردىگار تەرىپىدىن بولۇۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتى. چۈنكى پەرۋەردىگار فىلىستىيەلىكلەرگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىۋاتاتتى. شۇ چاغلاردا فىلىستىيەلىكلەر ئىسرائىللارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتاتتى.
5كېيىن شىمشون ئاتا-ئانىسى بىلەن تىمناھ شەھىرىگە كېلىپ، ئۇ يەردىكى بىر ئۈزۈمزارلىققا باردى. ئۇ يەردە تۇيۇقسىز بىر ياش شىر ھۆركىرىگىنىچە شىمشونغا ئېتىلىپ كەلدى.
8كۆپ ئۆتمەي شىمشون قىزنى ئەمرىگە ئېلىش ئۈچۈن ئۇ يەرگە يەنە باردى. ئۇ كېتىپ بېرىپ، بىر چەتتە ياتقان ھېلىقى شىرنىڭ ئۆلۈكىنى كۆردى. بىر توپ ھەسەل ھەرىسى ئۇ شىرنىڭ تېنىگە ئولىشىۋالغان بولۇپ، تېنىدا ھەسەل تۇراتتى.
10شىمشوننىڭ ئاتىسى بېرىپ قىز تەرەپ بىلەن كۆرۈشتى. شىمشون شۇ يەردىكى يىگىتلەرنىڭ ئادىتى بويىچە تويغا تەييارلىق قىلدى. _ مەن سىلەردىن بىر تېپىشماق سوراي. توي بولىدىغان يەتتە كۈن ئىچىدە سىلەر بۇ تېپىشماقنىڭ جاۋابىنى تاپالىساڭلار، مەن سىلەرگە ئېسىل كەندىر رەختتىن تىكىلگەن 30 قۇر ئىچ كىيىم ۋە 30 قۇر تون بېرىمەن. ئۇلار: _ قېنى ئەمىسە تېپىشمىقىڭنى ئېيتقىن، ئاڭلاپ باقايلى، _ دېيىشتى. يېمەكلىك چىقار يېگۈچىدىن، تاتلىق چىقار كۈچلۈكتىن. ئۇلار ئۈچ كۈنگىچە ئويلىنىپ، تېپىشماقنىڭ جاۋابىنى تاپالمىدى. _ سەن ئېرىڭنى ئالداپ-سالداپ، بىزگە تېپىشماقنىڭ جاۋابىنى ئۇقۇپ بەر! ئۇنداق قىلمىساڭ سېنى ئاتاڭنىڭ ئۆيى بىلەن قوشۇپ كۆيدۈرۈۋېتىمىز. ئەجەبا سىلەر بىزنى مال-مۈلكىمىزدىن ئايرىلىپ قېلىشىمىز ئۈچۈن بۇ يەرگە چاقىرغانمۇ؟! _ دېيىشتى. _ سىز مېنى ئۆچ كۆرىدىكەنسىز! ياخشى كۆرمەيدىكەنسىز! بىزنىڭ ئادەملىرىمىزگە بىر تېپىشماق ئېيتىپسىز، ئەمما تېپىشماقنىڭ جاۋابىنى ماڭا ئېيتىپ بەرمىدىڭىز، _ دېدى. شىمشون ئۇنىڭغا: _ مەن ھەتتا ئاتا-ئانامغىمۇ ئېيتىپ بەرمىگەن تۇرسام، ساڭا ئېيتىپ بېرەتتىممۇ؟ _ دېدى. ھەسەلدىن تاتلىق نېمە بار؟ شىردىن كۈچلۈك نېمە بار؟ شىمشون ئۇلارغا: _ ئەگەر سىلەر مېنىڭ ئىنىكىم بىلەن يەر ئاغدۇرمىغان بولساڭلار، تېپىشماقنىڭ جاۋابىنى تاپالمىغان بولاتتىڭلار، _ دېدى.
19پەرۋەردىگارنىڭ روھى شىمشونغا كۈچ-قۇدرەتتە چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاشقىلونغا بېرىپ، 30 ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ھەممە نەرسىلىرىنى ئولجا ئېلىپ، كىيىملىرىنى تېپىشماقنى تاپقانلارغا بەردى. ئاندىن شىمشون دەرغەزەپ بولۇپ ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كەتتى. 15 شىمشوننىڭ فىلىستىيەلىكلەردىن ئۆچ ئېلىشى 1بىر مەزگىلدىن كېيىن بۇغداي ئورۇش پەسلى كەلگەندە، شىمشون ئوغلاقتىن بىرنى ئېلىپ ئايالىنى يوقلاپ كەلدى. شىمشون: _ مەن ئايالىمنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولىمەن، _ دېدى. بىراق قېيىنئاتىسى ئۇنى كىرگۈزمىدى. _ مەن تېخى، سېنى ئۇنىڭغا بەك ئۆچ بولۇپ كەتتى دەپ ئويلاپ، ئۇنى سېنىڭ قولدىشىڭغا بېرىۋەتكەن. ئۇنىڭ سىڭلىسى ئۇنىڭدىنمۇ چىرايلىق، ئايالىڭنىڭ ئورنىغا سىڭلىسىنى ئالغىن، _ دېدى. _ بۇ قېتىم مەن فىلىستىيەلىكلەرگە زىيان يەتكۈزسەم مەندىن كۆرمەڭلار، _ دېدى. _ بۇنى كىم قىلدى؟ _ دەپ سوراشتى. _ بۇنى تىمناھلىقلارنىڭ كۈيۈ ئوغلى شىمشون قىلدى. چۈنكى قېيىنئاتىسى قىزىنى شىمشوننىڭ قولدىشىغا بېرىۋەتكەنىكەن، _ دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن فىلىستىيەلىكلەر قوزغىلىپ، شىمشوننىڭ ئايالى ۋە قېيىنئاتىسىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىدى. _ مەن قەسەم قىلىمەنكى، بۇ قىلغىنىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن چوقۇم قىساس ئالمىغۇچە بولدى قىلمايمەن، _ دېدى. _ سىلەر نېمە ئۈچۈن بىزگە ھۇجۇم قىلىسىلەر؟ _ دەپ سورىدى. ئۇلار: _ بىز شىمشوننى باغلاپ ئېلىپ كېتىمىز، ئۇ بىزگە قانداق قىلغان بولسا، بىزمۇ ئۇنىڭغا شۇنداق قىلىمىز، _ دېيىشتى. _ فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بىزگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەمسەن؟ سەن نېمە ئۈچۈن بىزگە ئىش تېپىپ بېرىسەن؟ شىمشون ئۇلارغا: _ ئۇلار ماڭا قانداق قىلغان بولسا، مەنمۇ ئۇلارغا شۇنداق قىلدىم، _ دېدى. _ بىز سېنى باغلاپ فىلىستىيەلىكلەرگە تاپشۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن كەلدۇق، _ دېدى. شىمشون ئۇلارغا: _ سىلەر مېنى ئۆلتۈرمەسلىككە قەسەم قىلىڭلار، _ دېدى. 13ئۇلار: _ ماقۇل، بىز پەقەت سېنى باغلاپ فىلىستىيەلىكلەرگە تاپشۇرۇپ بېرىمىز، سېنى ھەرگىز ئۆلتۈرمەيمىز، _ دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىككى يېڭى ئارغامچا بىلەن شىمشوننى باغلاپ، ئۆڭكۈردىن ئېلىپ چىقتى. «ئېشەكنىڭ جاغ سۆڭىكىدە ئۆلتۈرۈلگەنلەر دۆۋىلىنىپ كەتتى. ئېشەكنىڭ جاغ سۆڭىكى بىلەن قولۇمدا ئۆلگەنلەر مىڭغا يەتتى.» 17ئۇ سۆزىنى تۈگىتىپ قولىدىكى سۆڭەكنى تاشلىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ جاي رامات-لەخى* دەپ ئاتالدى. 18شىمشون بەك ئۇسساپ كېتىپ، پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلىپ مۇنداق دېدى: _ سەن خىزمەتكارىڭ ئارقىلىق شۇنداق ئۇلۇغ قۇتقۇزۇشنى باشلىغان ئىكەنسەن، مېنىڭ ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلۈپ، تېنىمنىڭ خەتنىسىزلەرنىڭ قولىدا قېلىشىنى خالامسەن؟
19خۇدا لەخى دېگەن جايدا يەرنى يېرىپ، سۇ چىقاردى. بۇلاقتىن سۇ ئېتىلىپ چىقتى. شىمشون سۇنى ئىچىپ كۈچ-قۇۋۋىتى ئەسلىگە كەلدى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ بۇلاقنىڭ ئىسمى ئېن-ھاققورە* دەپ ئاتالدى. بۇ بۇلاق لەخى دېگەن جايدا ھازىرمۇ بار. *17رامات-لەخى _ ئىبرانىي تىلىدا «جاغ سۆڭىكى تۆپىلىكى» دېگەن مەنىدە. *19ئېن-ھاققورە _ ئىبرانىي تىلىدا «ئىلتىجا قىلغۇچى بۇلىقى» دېگەن مەنىدە.
16
1بىر كۈنى شىمشون فىلىستىيەدىكى گازاغا بېرىپ، ئۇ يەردە بىر پاھىشە ئايال بىلەن بىللە بولدى. 3لېكىن شىمشون يېرىم كېچە بولغاندا ئورنىدىن تۇرۇپ، شەھەر دەرۋازىسىنىڭ قاناتلىرىنى كېشىكى بىلەنلا قومۇرۇپ، تاقاقلىرى بىلەن قوشۇپ مۈرىسىگە ئېلىپ، ھىبرون شەھىرىنىڭ ئالدىدىكى تۆپىلىكنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ چىقىپ كەتتى. شىمشون بىلەن دىلەيلا
4كېيىن، شىمشون سورېق جىلغىسىدا ياشايدىغان دىلەيلا ئىسىملىك بىر ئايالغا ئاشىق بولۇپ قالدى. _ سەن ئۇنى ئالداپ، ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنىڭ سىرىنى ۋە بىزنىڭ ئۇنى قانداق قىلىپ باغلاپ بويسۇندۇرالايدىغانلىقىمىزنى بىلىپ بەرگىن. شۇنداق قىلساڭ ھەربىرىمىز ساڭا 1100 كۈمۈش تەڭگە بېرىمىز، _ دېدى. 6شۇنىڭ بىلەن دىلەيلا شىمشوندىن: _ سىزنىڭ شۇنداق كۈچلۈك بولۇشىڭىزنىڭ سىرىنى ۋە قانداق قىلغاندا سىزنى باغلاپ بويسۇندۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ماڭا دەپ بېرىڭ، _ دېدى. _ ئەگەر كىشىلەر يەتتە تال تېخى قۇرۇمىغان يېڭى ئوقيا كىرىچى بىلەن مېنى باغلىسا، مەن ئادەتتىكى ئادەملەرگە ئوخشاش ئاجىز بولۇپ قالىمەن، _ دېدى.
8فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەگلىرى دىلەيلاغا يەتتە تال تېخى قۇرۇمىغان يېڭى ئوقيانىڭ كىرىچىنى ئەكېلىپ بەردى. ئۇ ئايال بۇ ئوقيا كىرىچى بىلەن شىمشوننى باغلىدى. _ شىمشون! فىلىستىيەلىكلەر كەلدى! _ دەپ توۋلىدى. شىمشون شۇ ھامان ئوقيا كىرىچىنى خۇددى ئوتقا چۈشكەن كەندىر يىپىدەك ئۈزۈپ تاشلىدى. شۇنداق قىلىپ شىمشوننىڭ كۈچ-قۇدرىتىنىڭ سىرىنى ھېچكىم بىلەلمىدى. _ سىز مېنى ئەخمەق قىلىپ، يالغان سۆزلەپسىز. ماڭا سىزنى قانداق قىلغاندا باغلىغىلى بولىدىغانلىقىنى دەپ بېرىڭ، _ دېدى. 11شىمشون ئۇنىڭغا: _ ئەگەر كىشىلەر تېخى ئىشلىتىلمىگەن يېڭى ئارغامچا بىلەن مېنى قاتتىق باغلىسا، مەن ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئوخشاش ئاجىز بولۇپ قالىمەن، _ دېدى. 12شۇنىڭ بىلەن دىلەيلا تېخى ئىشلىتىلمىگەن يېڭى ئارغامچا ئەكېلىپ شىمشوننى باغلاپ، ئۇنىڭغا: _ شىمشون! فىلىستىيەلىكلەر كەلدى! _ دەپ توۋلىدى. بۇ چاغدا فىلىستىيەلىكلەر ئۇنىڭ ھۇجرىسىدا يوشۇرۇنۇپ كۈتۈپ تۇرۇشقانىدى. شىمشون ئارغامچىلارنى خۇددى يىپنى ئۈزگەندەك ئۈزۈپ تاشلىدى. _ سىز تا ھازىرغىچە مېنى ئەخمەق قىلىپ، يالغان سۆزلەپ كەپسىز. ماڭا سىزنى قانداق قىلغاندا باغلىغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىڭ، _ دېدى. شىمشون ئۇنىڭغا: _ ئەگەر سەن مېنىڭ بېشىمدىكى يەتتە ئۆرۈم چېچىمنى دەستىگاھتىكى يىپقا قوشۇپ توقۇپ، شىنا بىلەن چىڭىتىپ قويساڭلا، مەن ئادەتتىكى ئادەملەرگە ئوخشاش ئاجىز بولۇپ قالىمەن، _ دېدى. 14شۇنىڭ بىلەن شىمشون ئۇخلاپ قالغاندا، دىلەيلا ئۇنىڭ بېشىدىكى يەتتە ئۆرۈم چاچنى دەستىگاھتىكى يىپقا قوشۇپ توقۇپ، ئۇنى شىنا بىلەن چىڭىتىپ قويدى. ئاندىن شىمشونغا: _ شىمشون! فىلىستىيەلىكلەر كەلدى! _ دەپ توۋلىدى. شىمشون ئويغىنىپ، دەستىگاھتا يىپقا قوشۇپ توقۇۋېتىلگەن چېچىنى، دەستىگاھ ۋە شىنانى يۇلۇپ ئېلىۋەتتى. 15دىلەيلا شىمشونغا: _ سىرىڭىزنى مەندىن يوشۇرۇپ تۇرۇپ قانداقسىگە يەنە: «سېنى سۆيىمەن» دېيەلەيسىز؟ سىز مېنى ئۈچ قېتىم ئالدىدىڭىز، ماڭا سىزدىكى كۈچ-قۇدرەتنىڭ سىرىنى ئېيتىپ بەرمىدىڭىز، _ دېدى.
16دىلەيلا كۈندە كوتۇلداپ، غەلۋە قىلىپ، ئۇنى ئۆلگۈدەك بىزار قىلدى. _ چۈنكى، مەن تۇغۇلغاندىن تارتىپلا پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە ئاتالغان بولغاچقا، ھازىرغىچە بېشىمنى تىغ بىلەن چۈشۈرۈپ باقمىغان. ئەگەر مېنىڭ بېشىم تىغ بىلەن چۈشۈرۈلسە، ۋۇجۇدۇمدىكى كۈچ-قۇۋۋەت مەندىن ئايرىلىدۇ-دە، ئادەتتىكى ئادەملەرگە ئوخشاش ئاجىز بولۇپ قالىمەن. 18شىمشون دىلەيلاغا سىرىنى ئېيتىپ بەرگەندىن كېيىن، دىلەيلا فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەگلىرىگە: _ ئەمدى كېلىڭلار، ئۇ سىرىنى ماڭا ئېيتىپ بەردى، _ دەپ خەۋەر يەتكۈزدى. فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەگلىرى كۈمۈش تەڭگىلەرنى ئېلىپ ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلدى. _ شىمشون! فىلىستىيەلىكلەر كەلدى! _ دەپ توۋلىدى. شىمشون ئويغىنىپ، كۆڭلىدە: «مەن بۇرۇنقىدەك بىر سىلكىنىپلا بوشىنىمەن» دەپ ئويلىدى. ئەمما ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىنى تاشلاپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيتتى. شىمشوننىڭ ئۆلۈمى
23فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەگلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىلاھى داگونغا ئاتاپ كاتتا قۇربانلىق ئۆتكۈزۈپ: «ئىلاھىمىز دۈشمىنىمىز شىمشوننى بىزگە تۇتۇپ بەردى» دەپ، تەنتەنە قىلىشتى. _ شىمشوننى ئەكېلىپ بېرىڭلار، ئۇنىڭ تاماشىسىنى كۆرۈپ كۆڭۈل ئاچىمىز، _ دەپ ۋارقىراشتى. شۇنىڭ بىلەن شىمشون زىنداندىن ئېلىپ كېلىندى. ئۇلار ئۇنىڭ تاماشىسىنى كۆرمەكچى بولۇپ، ئۇنى ئىبادەتخانىنىڭ تورۇسىنى تىرەپ تۇرغان ئىككى تۈۋرۈكنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرغۇزۇپ قويدى. _ مېنى ئىبادەتخانىنى تىرەپ تۇرغان تۈۋرۈكنىڭ يېنىغا ئېلىپ بار، مەن ئۇنىڭغا يۆلىنىپ تۇراي، _ دېدى.
27بۇ چاغدا ئىبادەتخانىغا ئەرلەر ۋە ئاياللار لىق تولغان بولۇپ، فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەگلىرى ھەممىسى شۇ يەردە ئىدى. ئىمارەتنىڭ ئۈستىدىكى ئايۋاندىمۇ ئەر ۋە ئاياللاردىن بولۇپ ئۈچ مىڭچە ئادەم شىمشوننىڭ تاماشاسىنى كۆرۈۋاتاتتى. _ ئەي ئىگەم پەرۋەردىگار، مېنى ئېسىڭگە ئالغايسەن، ئەي خۇدا، ماڭا يەنە بىر قېتىم كۈچ-قۇۋۋەت بەرگەيسەن، مەن ئويۇۋېلىنغان كۆزلىرىم ئۈچۈن فىلىستىيەلىكلەردىن ئىنتىقام ئېلىۋالاي.
29شۇنىڭ بىلەن شىمشون ئىبادەتخانا ئوتتۇرىسىدىكى تورۇسنى تىرەپ تۇرغان ئىككى تۈۋرۈكنىڭ بىرسىگە ئوڭ قولىنى، ئىككىنچىسىگە سول قولىنى تېرەپ تۇرۇپ، 17 مىكاھنىڭ بۇتلىرى
1ئەفرايىم تاغلىق رايونىدا مىكاھ ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى. _ مەن 1100 كۈمۈش تەڭگىنى ئوغرىلىۋالغان كىشىنى قارغىغانلىقىڭنى ئاڭلىدىم. قارا، بۇ پۇللار مېنىڭ يېنىمدا، پۇللارنى مەن ئوغرىلىغانىدىم، _ دېدى. ئانىسى ئۇنىڭغا: _ ئوغلۇم، ئىقرار بولغانلىقىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار ساڭا بەخت ئاتا قىلغاي! _ دېدى. 3شۇنىڭ بىلەن 1100 كۈمۈش تەڭگىنى ئانىسىغا قايتۇرۇپ بەردى. مىكاھنىڭ ئانىسى: _ مەن بۇ كۈمۈشلەرنى چىن دىلىمدىن ئوغلۇم ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا ئاتىدىم، بۇنىڭدىن ساڭا بىر ئويما ۋە قۇيما بۇت ياسىتىپ بېرەي، _ دېدى.
4مىكاھ كۈمۈشلەرنى ئانىسىغا قايتۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، ئانىسى 200 كۈمۈش تەڭگىنى ئايرىپ، قۇيمىچىغا بىر ئويما ۋە قۇيما بۇت ياسىتىپ، ئۇنى مىكاھنىڭ ئۆيىگە قويۇپ قويدى.
7يەھۇدا زېمىنىدىكى بەيتلەھەمدە لاۋىي قەبىلىسىدىن بولغان بىر ياش يىگىت يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ياشايتتى. 9مىكاھ ئۇنىڭدىن: _ سەن قەيەردىن كەلدىڭ؟ _ دەپ سورىدى. _ مەن يەھۇدا زېمىنىدىكى بەيتلەھەمدىن كەلگەن لاۋىي قەبىلىسىدىن بولىمەن. ياشاش ئۈچۈن ماكان ئىزدەپ يۈرىمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ يىگىت. 10مىكاھ ئۇنىڭغا: _ سەن مەن بىلەن بىللە تۇرۇپ، ماڭا ئۇستاز ۋە روھانىي بولغىن. مەن ساڭا يىلدا 10 كۈمۈش تەڭگە بېرەي، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچىكىڭ مەندىن بولسۇن، _ دېدى.
11-12ياش لاۋىي ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرۇشقا ماقۇل بولۇپ، مىكاھنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ قالدى. مىكاھ ئۇنى ئۆز ئوغلىدەك كۆرۈپ، روھانىي قىلىپ تەيىنلىدى. _ بىلىپ يەتتىمكى، پەرۋەردىگار ئەمدى ئىشلىرىمغا بەرىكەت بېرىدۇ، چۈنكى مەن لاۋىيلاردىن بىرنى ئۆزۈمگە روھانىي قىلدىم، _ دېدى.
18 دان قەبىلىسىنىڭ ياش روھانىي ۋە بۇتلارنى ئېلىپ كېتىشى
1ئۇ زامانلاردا ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى يوق ئىدى. ئىسرائىللاردىن بولغان دان قەبىلىسى ماكانلىشىدىغان زېمىن ئىزدەپ يۈرەتتى. چۈنكى ئىسرائىللارنىڭ قەبىلىلىرىگە زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىلگەندە، دان قەبىلىسى ئۆزىگە بۆلۈنگەن زېمىنغا تېخى ئىگە بولمىغانىدى. _ سېنى بۇ يەرگە كىم ئېلىپ كەلدى؟ بۇ يەردە نېمە قىلىسەن؟ نېمە ئىش بىلەن مەشغۇل بولىسەن؟ _ دەپ سورىدى. 4بۇ ياش لاۋىي ئۇلارغا مىكاھنىڭ ئۆزى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، ئۇنىڭ خاس روھانىيسى بولغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. 5ئۇلار: _ سەن خۇدادىن سوراپ باققىن، بىزنىڭ سەپىرىمىز ئوڭۇشلۇق بولامدىكىن، _ دېدى. 6ياش لاۋىي ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: _ خاتىرجەم مېڭىۋېرىڭلار، پۈتۈن سەپىرىڭلارنى پەرۋەردىگار كۆزىتىپ تۇرىدۇ، _ دېدى.
7شۇنىڭ بىلەن بۇ بەش پالۋان يولغا چىقىپ، لايىشقا يېتىپ كەلدى. ئۇلار بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ سىدونلۇقلارغا ئوخشاش خاتىرجەم، تىنچ-ئامان ياشاۋاتقانلىقىنى كۆردى. بۇلارغا زومىگەرلىك قىلىدىغان دۈشمەن يوق ئىدى. ئۇلار ئۆز دوستلىرى بولغان سىدونلۇقلاردىن يىراق ياشاپ، ئۇلاردىن باشقىلار بىلەن بېرىش-كېلىش قىلمايتتى. _ نېمىلەرنى كۆردۈڭلار؟ _ دەپ سورىدى.
9_ يۈرۈڭلار، بىز ئۇ زېمىنغا ھۇجۇم قىلايلى! ئۇ زېمىنلار ناھايىتى ئېسىل ئىكەن. بىز ئۇنى كۆرۈپ تۇرۇپ قانداقمۇ جىم تۇرالايمىز؟ ئىككىلەنمەي بېرىپ ئۇ يەرلەرنى قولغا كەلتۈرەيلى.
11شۇنىڭ بىلەن دان قەبىلىسىدىن 600 ئادەم قوراللىنىپ زورئاھ ۋە ئەشتائولدىن يولغا چىقتى. _ سىلەر بۇ ئۆيدە ئېفود، ئويما ۋە قۇيما بۇتلار ۋە كىچىك بۇتلارنىڭ بارلىقىنى بىلەمسىلەر. شۇڭا قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ياخشى ئويلىشىڭلار.
15شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى بەش پالۋان ياش لاۋىي تۇرىدىغان مىكاھنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭدىن تىنچلىق سورىدى. 18ياش روھانىي ئۇلارنىڭ مىكاھنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئېفود، ئويما ۋە قۇيما بۇتلار ۋە كىچىك بۇتلارنى ئېلىپ ماڭغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلاردىن «بۇ نېمە قىلغىنىڭلار؟» دەپ سورىدى. 19ئۇلار جاۋابەن: _ ئاغزىڭنى يۇم، ئۈنۈڭنى چىقارما! بىز بىلەن ماڭ، بىزگە ئۇستاز ۋە روھانىي بولغىن. بىر ئادەمنىڭ ئائىلىسىدە روھانىي بولغىنىڭدىن ئىسرائىللارنىڭ پۈتۈن بىر قەبىلىسىگە روھانىي بولغىنىڭ ياخشى ئەمەسمۇ؟ _ دېدى.
20روھانىي ئىچىدە خۇشال بولۇپ ئېفود، ئويما بۇت ۋە كىچىك بۇتلارنى ئېلىپ ئۇلارغا قوشۇلدى. _ سەن بۇنچە كۆپ ئادەمنى باشلاپ كېلىپ نېمە ئىش قىلماقچىسەن؟ _ دەپ سورىدى. 24_ سىلەر روھانىيىمنى ۋە مەن ياسىغان بۇتلارنى ئېلىپ ماڭدىڭلار، مېنىڭ نېمەم قالدى؟ يەنە مېنىڭدىن «نېمە قىلماقچىسەن» دەپ سوراۋاتامسىلەر؟ _ دېدى مىكاھ. 25_ بىز بىلەن تالاشما! بولمىسا قىزىققان كىشىلەر سېنى ۋە ئائىلەڭدىكىلەرنىڭ جېنىنى ئالىدۇ! _ دېدى دان قەبىلىسىدىكىلەر. 26شۇنىڭ بىلەن، دان قەبىلىسىدىكىلەر ئۆز يولىنى داۋاملاشتۇردى. مىكاھ ئۇلارنىڭ ئۆزىدىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئامالسىز ئۆيىگە قايتىپ كەتتى.
27دان قەبىلىسىدىكىلەر مىكاھ ياسىغان بۇتلارنى ۋە روھانىي ياش لاۋىينى ئېلىپ، لايىشقا كەلدى. ئۇلار لايىشتا تىنچ-ئامان ۋە خاتىرجەم ياشاۋاتقان خەلقنى قىلىچ بىلەن قىرغىن قىلىپ، شەھەرگە ئوت قويۇۋەتتى. 19 لاۋىي قەبىلىسىدىن بولغان بىر ئادەم ۋە ئۇنىڭ توقىلى
1ئۇ زامانلاردا ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى يوق بولۇپ، ئەفرايىم تاغلىق رايونىنىڭ چەت بىر يېرىدە لاۋىي قەبىلىسىدىن بولغان بىر ئادەم ياشايتتى. ئۇ يەھۇدا زېمىنىدىكى بەيتلەھەم شەھىرىدە ياشايدىغان بىر ئايالنى ئۆزىگە توقاللىققا ئالدى. _ ئازراق ناشتا قىلىپ، قورسىقىڭلارنى تويدۇرۇپ مېڭىڭلار، _ دېدى. 6شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككىسى ئولتۇرۇپ غىزالاندى. قېيىنئاتىسى لاۋىيغا يەنە: _ بۈگۈن تۇرۇپ قېلىپ، مۇشۇ يەردە كۆڭلۈڭلەرنى خۇش قىلغىن، _ دېدى.
7لاۋىي ئورنىدىن تۇرۇپ مېڭىشقا تەمشىلىۋىدى، قېيىنئاتىسى ئۇنى زورلاپ تۇتۇپ قالدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ يەنە بىر كېچە قونۇپ قالدى. _ تاماق يەپ چۈشتىن كېيىن مېڭىڭلار، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تاماققا تۇرۇپ قالدى. _ قاراڭلار، كەچ بولاي دەپ قالدى، كۈنمۇ ئولتۇراي دېدى، بۈگۈن قونۇپ قېلىڭلار. مۇشۇ يەردە كۆڭۈل ئىچىپ، ئەتە ئەتىگەن سەھەر تۇرۇپ، يولغا چىقىڭلار، _ دېدى.
10بۇ قېتىم ئۇ ئۇنىماي، توقىلىنى ئېلىپ ئىككى ئېشىكى بىلەن يولغا چىقتى. ئۇلار مېڭىپ يىبۇس، يەنى يېرۇسالېمغا يېقىن كېلىپ قالدى. _ بىز بۈگۈن مۇشۇ يىبۇسلارنىڭ شەھىرىگە كىرىپ قونايلى، _ دېدى. 12خوجايىنى ئۇنىڭغا: _ بىز ئىسرائىللارغا تەۋە بولمىغان ياتلارنىڭ شەھىرىدە قونمايمىز. بىز گىبئاھ شەھىرىگە بېرىپ قونايلى، _ دېدى. _ بىز گىبئاھ ياكى راماھ شەھەرلىرىنىڭ بىرىگە بېرىپ كېچىنى ئۆتكۈزەيلى، _ دېدى.
14شۇنداق قىلىپ ئۇلار يەنە يولىنى داۋام قىلدى. ئۇلار بىنيامىن قەبىلىسىگە تەۋە بولغان گىبئاھ شەھىرىگە يېقىن قالغاندا كۈنمۇ ئولتۇردى. _ نەگە ماڭدىڭلار؟ قەيەردىن بولىسىلەر؟ _ دەپ سورىدى. 18لاۋىي جاۋاب بېرىپ: _ بىز يەھۇدا زېمىنىدىكى بەيتلەھەمدىن ئەفرايىم تاغلىق رايونىنىڭ چەت بىر يېرىگە كېتىپ بارىمىز. بىز شۇ يەرلىك. مەن يەھۇدا زېمىنىدىكى بەيتلەھەمگە بېرىپ ئۆيگە قايتىۋاتقانىدىم. ئەمما ھېچكىم بىزنى ئۆيىگە كىرگۈزمىدى. 20بوۋاي: _ سىرتتا قونماڭلار! ئۆيگە مەرھەمەت، مەن ھالىڭلاردىن خەۋەر ئالاي، _ دېدى. 21شۇنىڭ بىلەن بوۋاي ئۇلارنى ئۆز ئۆيىگە ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئېشىكىگە يەم بەردى. ئۇلار پۇتلىرىنى يۇيغاندىن كېيىن، بىرلىكتە غىزالاندى. 22ئۇلار خۇشال-خۇرام ئولتۇرغاندا شەھەردىكى ئۆكتەملەر بوۋاينىڭ ئۆيىنى قورشىۋېلىپ، دەرۋازىنى توختىماي قاقتى. ئۇلار ئۆي ئىگىسى بوۋايغا: _ ئۆيۈڭدىكى ئەرنى چىقىرىپ بەر، بىز ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولىمىز، _ دەپ ۋارقىراشتى. 23بوۋاي چىقىپ ئۇلارغا: _ بۇرادەرلەر، بۇنداق پەسكەشلىك قىلساڭلار بولمايدۇ. بۇ مېھمان مېنىڭ ئۆيۈمگە چۈشكەن ئىكەن، بۇنداق نومۇسلۇق ئىشنى قىلىشقا يول قويمايمەن.
25بىراق ئۇلار بوۋاينىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىدى. شۇنداقتىمۇ ھېلىقى لاۋىي توقىلىنى ئۇلارغا ئېلىپ چىقىپ بەردى. ئۇلار كېچىچە ئۇ ئايالغا باسقۇنچىلىق قىلىپ، دەپسەندە قىلدى. تاڭ سۈزۈلەي دېگەندە ئاندىن ئۇ ئايالنى قويۇپ بەردى.
27ئەتىگەندە ئۇنىڭ ئېرى يولغا چىقماقچى بولۇپ دەرۋازىنى ئېچىپ، توقىلىنىڭ دەرۋازا ئالدىدا يېتىپ قالغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئىككى قولىنىڭ بوسۇغا ئۈستىدە تۇرغانلىقىنى كۆردى. _ ئورنۇڭدىن تۇر، ماڭايلى، _ دېدى. ئەمما خوتۇنىدىن سادا چىقمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەر توقىلىنى ئېشەككە ئارتىپ يولغا چىقتى. _ ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن بېرى مۇنداق ئىش ئەزەلدىن يۈز بېرىپ باقمىغان، ھېچكىم بۇنداق ئىشنى كۆرمىگەن. ئەمدى بۇ ئىشنى ياخشى ئويلىشىپ، قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى مەسلىھەتلىشەيلى، _ دېيىشتى. 20 ئىسرائىللارنىڭ بىنيامىن قەبىلىسىگە جازا يۈرۈش قىلىشى
1شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئىسرائىللار، شىمالدىكى داندىن تارتىپ، جەنۇبتىكى بەئەرشەبا ۋە شەرقتىكى گىلئادغىچە بولغان زېمىنلاردىن كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا بىر گەۋدە بولۇپ، مىزپاھ شەھىرىگە توپلاندى. ئىسرائىللار ھېلىقى لاۋىيدىن: _ بىزگە بۇ پەسكەش ئىشنىڭ قانداق يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگىن، _ دەپ سورىدى. 4توقىلى ئۆلتۈرۈلگەن ھېلىقى لاۋىي مۇنداق دېدى: _ مەن توقىلىم بىلەن بىنيامىن قەبىلىسىگە تەۋە بولغان گىبئاھقا كەلدۇق ۋە كېچىدە شۇ يەردە قونۇپ قالماقچى بولدۇق. 8شۇنىڭ بىلەن خەلق بىردەك: _ ئارىمىزدىن ھېچكىم ئۆز چېدىرىغا قايتمىسۇن، ھېچكىم ئۆز ئۆيىگە يانمىسۇن. 11شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار بىر گەۋدە بولۇپ، بىرلىكتە گىبئاھقا قوشۇن تارتىشتى. 12ئىسرائىل قەبىلىلىرى بىنيامىن قەبىلىسىگە ئادەم ئەۋەتىپ: _ سىلەر قانداقسىگە مۇشۇنداق قەبىھ ئىش قىلدىڭلار؟ بىنيامىنلار ئىسرائىل قېرىنداشلىرىنىڭ سۆزىگە كۆنمەي، 18ئىسرائىل خەلقى بەيتەلگە بېرىپ پەرۋەردىگاردىن: _ بىزدىن بىنيامىنلار بىلەن جەڭ قىلىشقا قايسى قەبىلە ئاۋۋال چىقسۇن؟ _ دەپ سورىدى. پەرۋەردىگار جاۋاب بېرىپ: _ يەھۇدا قەبىلىسى ئاۋۋال چىقسۇن، _ دېدى.
19ئىسرائىللار سەھەر ئورنىدىن تۇرۇپ، گىبئاھقا يېقىن جايدا بارگاھ قۇرۇشتى. _ بىز يەنە قېرىنداشلىرىمىز بىنيامىنلار بىلەن جەڭ قىلساق بولامدۇ؟ _ دەپ سوراشقانىدى. پەرۋەردىگار جاۋاب بېرىپ: _ بېرىڭلار، ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىڭلار، _ دېدى.
24شۇنىڭ بىلەن ئىككىنچى كۈنى ئىسرائىللار بىنيامىنلارغا ھۇجۇم قىلدى. ئىسرائىللار پەرۋەردىگاردىن: _ بىز يەنە بىر قېتىم قېرىنداشلىرىمىز بىنيامىنلار بىلەن ئۇرۇش قىلايلىمۇ ياكى ئۇرۇشنى توختىتايلىمۇ؟ _ دەپ سوراشتى. پەرۋەردىگار ئۇلارغا: _ بېرىڭلار، مەن ئەتە ئۇلارنى سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا چۈشۈرۈپ بېرىمەن، _ دېدى.
29شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار گىبئاھنىڭ ئەتراپىغا بۆكتۈرمە قويدى. 32بىنيامىنلار: _ ئۇلارنى ئاۋۋالقىدەكلا مەغلۇپ قىلىمىز، _ دېيىشتى. ئىسرائىللار: _ بىز قېچىپ، ئۇلارنى ئالداپ شەھەردىن يولغا باشلاپ چىقايلى، _ دېيىشتى.
33شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئىسرائىللار ئۆز ئورۇنلىرىدىن قوزغىلىپ، بائال-تامار دېگەن يەردە سەپ تۈزۈشۈۋاتقاندا، گىبئاھنىڭ سېپىل سوقۇلمىغان يېرىدە بۆكتۈرمىدە يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئىسرائىللارمۇ ئورۇنلىرىدىن ئېتىلىپ چىقىشتى. بۇ جەرياندا يەنە مۇنداق ئىشلار يۈز بەردى: ئىسرائىللار گىبئاھ ئەتراپىغا بۆكتۈرمىگە قويغان ئادەملىرىگە ئىشەنچ قىلىپ، بىنيامىنلارنى ئالداپ، تۇرغان يېرىدىن چېكىنىشتى. ئىسرائىللار قاچقان قىياپەتكە كىرىۋالغان چاغدا، بىنيامىنلار ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئىسرائىللارنىڭ 30دەك ئادىمىنى ئۆلتۈرگەنىدى. بىنيامىنلار: _ ئۇلارنى جەزمەن باشتىكىدەك مەغلۇپ قىلىمىز! _ دېيىشتى.
40بىنيامىنلار ئارقىسىغا قاراپ پۈتۈن شەھەردىن قويۇق ئىس-تۈتەكنىڭ پەلەككە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆردى.
46شۇ كۈنى بىنيامىنلارنىڭ 25 مىڭ قىلىچلىق پالۋىنىنىڭ ھەممىسى ئۆلدى. 21 بىنيامىن قەبىلىسىدىكىلەرگە خوتۇن تېپىپ بېرىش 1ئىسرائىللار مىزپاھتا قەسەم ئىچىپ: «ئارىمىزدىن ھېچكىم قىزلىرىنى بىنيامىنلارغا خوتۇنلۇققا بەرمىسۇن» دېيىشكەنىدى.
2ئىسرائىل خەلقى بەيتەلگە كېلىپ، خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا كەچكىچە ئولتۇرۇپ، ئۈن سېلىپ ھۆڭرەپ يىغلاشتى. _ ئى پەرۋەردىگار، ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا! نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئىش يۈز بېرىدۇ؟ ئىسرائىللاردىن بىر قەبىلە ئازىيىپ كەتتىغۇ! _ دېيىشتى.
4ئەتىسى خەلق سەھەر تۇرۇپ، شۇ يەردە بىر قۇربانلىق سۇپىسى قۇرۇپ، كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى قىلىشتى. _ ئىسرائىل قەبىلىلىرىدىن كىم پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتى بولۇشقا كەلمىدى؟ _ دېيىشتى. بۇرۇن ئۇلار مىزپاھتا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كەلمىگەنلەر توغرىسىدا قاتتىق قەسەم ئىچىپ: «بۇ يەرگە كەلمىگەنلەرنى چوقۇم ئۆلتۈرىمىز» دېيىشكەنىدى. 6ئىسرائىللار قېرىنداشلىرى بىنيامىنلار توغرىسىدا قايغۇرۇپ: _ بۈگۈن ئىسرائىل قەبىلىلىرىدىن بىر قەبىلە ئازىيىپ كەتتى. 8-9ئىسرائىللار يەنە: _ ئىسرائىل قەبىلىلىرى ئارىسىدىن كىم پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا جەم بولۇش ئۈچۈن مىزپاھقا كەلمىدى؟ _ دېيىشىپ، ئادەملەرنى ساناش ئارقىلىق گىلئادتىكى يابېش شەھىرىدىن ھېچكىمنىڭ مىزپاھتىكى يىغىلىشقا كەلمىگەنلىكىنى بىلىشتى. _ سىلەر گىلئادتىكى يابېش شەھىرىگە بېرىپ، ئۇلارنىڭ خوتۇن، بالا-چاقىلىرىنىمۇ قويماي قىلىچ بىلەن قىرىپ تاشلاڭلار. 12ئىسرائىللار گىلئادتىكى يابېشلىقلار ئىچىدىن يۈزى ئېچىلمىغان، ئەرلەرگە يېقىن كەلمىگەن 400 قىزنى تېپىپ، ئۇلارنى كەنئان زېمىنىنىڭ شىلو شەھىرىدىكى بارگاھقا ئېلىپ كەلدى.
13قايتا جەم بولغان ئىسرائىللار رىممون قىيا تېشىنىڭ يېنىدىكى بىنيامىنلارغا خەۋەر ئەۋەتىپ، ئۇلارغا ئامانلىق بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. 16يىغىلىشتا ئاقساقاللار: _ بىنيامىنلارنىڭ خوتۇن-قىزلىرىنىڭ ھەممىسىنى يوقاتتۇق، ھايات قالغان ئەرلەرگە قەيەردىن خوتۇن تېپىپ بېرىمىز؟ _ دېيىشتى. _ ھايات قالغان بىنيامىنلار ئەۋلاد قالدۇرۇشى كېرەك، شۇندىلا ئىسرائىللارنىڭ بىنيامىن قەبىلىسى يوقىلىپ كەتمەيدۇ. 20شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىنيامىنلارغا: _ سىلەر ئۈزۈملۈككە بېرىپ بۆكتۈرمىدە تۇرۇڭلار.
23شۇنىڭ بىلەن بىنيامىنلار ئۇلارنىڭ دېگىنىدەك ئۆزلىرىگە يەتكۈدەك ئۇسسۇلچى قىزلارنى خوتۇنلۇققا تۇتۇپ ئېلىپ كەتتى. كېيىن ئۇلار يۇرتلىرىغا قايتىپ، ئۆز شەھەرلىرىنى باشقىدىن قۇرۇپ، شۇ يەرلەردە ياشاپ قالدى. 25ئۇ زامانلاردا ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى يوق ئىدى. ھەر كىم ئۆزى توغرا دەپ قارىغان ئىشىنى قىلاتتى. |
||