سامۇئىل 2- قىسىم


1

داۋۇتنىڭ سائۇلنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلىشى

1سائۇل ئۆلگەندىن كېيىن، داۋۇت ئامالەكلەرنى يېڭىپ قايتىپ كېلىپ، زىقلاق شەھىرىدە ئىككى كۈن تۇردى. 2ئۈچىنچى كۈنى سائۇلنىڭ بارگاھىدىن بىر ياش يىگىت كەلدى. ئۇ قايغۇدىن كىيىملىرىنى يىرتىپ، بېشىغا توپا چېچىپ، داۋۇتنىڭ ئالدىدا ئېگىلىپ تەزىم قىلدى.

3داۋۇت ئۇنىڭدىن:

_ قەيەردىن كەلدىڭ؟ _ دەپ سورىدى.

_ ئىسرائىللارنىڭ بارگاھىدىن قېچىپ كەلدىم، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ يىگىت.

4داۋۇت يەنە:

_ نېمە بولدى؟ قېنى سۆزلە، _ دېدى.

_ لەشكەرلەر جەڭگاھتىن قېچىپ كېتىشتى، نۇرغۇن كىشىلىرىمىز ئۆلتۈرۈلدى. سائۇل بىلەن ئوغلى يوناتانمۇ ھالاك بولدى، _ دېدى ئۇ.

5داۋۇت بۇ خەۋەرنى ئېلىپ كەلگەن يىگىتتىن:

_ سائۇل بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى يوناتاننىڭ ئۆلگەنلىكىنى سەن قانداق بىلدىڭ؟ _ دەپ سورىدى.

6يىگىت:

_ ئۇ چاغدا مەن دەل گىلبوۋا تېغىدا ئىدىم. ئۇ يەردە سائۇلنىڭ ئۆز نەيزىسىگە يۆلىنىپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. دۈشمەننىڭ جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن ئاتلىق قىسمى ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقان ئىكەن. 7ئۇ ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ، مېنى كۆرۈپ چاقىردى، مەن «لەببەي» دېدىم. 8ئۇ مەندىن: «سەن كىم بولىسەن؟» دەپ سورىدى، «مەن ئامالەكلەردىن بولىمەن» دەپ جاۋاب بەردىم. 9ئۇ ماڭا: «ئۆتۈنۈپ قالاي، بۇ ياققا كەل، مېنى ئۆلتۈرۈۋەت، جېنىم چىقماي بەك قىينىلىپ كەتتىم» دېدى. 10مەن ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭ ئېغىر يارىلانغانلىقىنى بىلدىم ۋە ئۇنىڭ تىرىك قالالمايدىغانلىقىغا كۆزۈم يېتىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتىم. شۇنداقلا ئۇنىڭ بېشىدىكى تاجىسىنى، بىلىكىدىكى بىلەزۈكىنى جانابىي ئالىيلىرىغا تەقدىم قىلىشقا ئېلىپ كەلدىم، _ دېدى.

11داۋۇت قايغۇدىن ئۆزىنىڭ كىيىملىرىنى يىرتتى، ئۇنىڭ ئادەملىرىمۇ شۇنداق قىلدى. 12ئۇلار قىلىچ ئاستىدا قازا قىلغان سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئوغلى يوناتان شۇنداقلا پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى _ ئىسرائىللار ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ، يىغا-زار قىلىپ، كۈن پاتقۇچە روزا تۇتتى.

13داۋۇت خەۋەر يەتكۈزگەن يىگىتتىن:

_ سەن قەيەرلىك بولىسەن؟ _ دەپ سورىدى.

_ مەن ئامالەكلەردىن بولىمەن، زېمىنىڭىزدىكى مۇھاجىرلارنىڭ پەرزەنتىمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ.

14داۋۇت ئۇنىڭغا:

پەرۋەردىگار ئۆزى تاللىغان پادىشاھنى ئۆلتۈرۈشكە قولۇڭ قانداق باردى؟ _ دېدى.

15ئاندىن داۋۇت ئادەملىرىدىن بىرىنى چاقىرىپ:

_ قېنى، ئۇنى ئۆلتۈر! _ دەپ بۇيرۇدى. ئۇ ئادەم بىر قىلىچ ئۇرۇپ ئامالەكنى ئۆلتۈرۈۋەتتى.

16داۋۇت:

_ قان تۆككەنلىكىڭ ئۆز بېشىڭغا چىقتى، چۈنكى سەن پەرۋەردىگار تاللىغان پادىشاھنى ئۆلتۈرگەنلىكىڭنى ئىقرار قىلىپ، ئۆز ئاغزىڭ بىلەن ئۆزۈڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلدىڭ، _ دېدى.

داۋۇتنىڭ سائۇل بىلەن يوناتانغا ئوقۇغان مەرسىيەسى

17-18داۋۇت سائۇل بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى يوناتان ئۈچۈن «يا مەرسىيەسى» دەپ ئاتالغان مۇنۇ مەرسىيەنى ئوقۇدى. ئۇ «بۇ مەرسىيە يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەرگە ئۆگىتىلسۇن» دەپ بۇيرۇق چۈشۈردى. (ئۇشبۇ مەرسىيە «ياشار» دېگەن كىتابتا خاتىرىلەنگەن.)

19ئاھ ئىسرائىلىيە! غۇرۇرلۇق ئەزىمەتلىرىڭ قەتل قىلىندى تاغلاردا،

ئۇ پالۋانلار يىقىلغاندۇ قانداقچە!

20ئېلان قىلماڭلار بۇنى گات شەھىرىدە،

بايان قىلماڭلار ئاشقىلون كوچىلىرىدا:

خۇشال بولۇپ كەتمىسۇن فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ئاياللىرى،

شادىمانمۇ بولمىسۇن خەتنىسىزلەرنىڭ قىزلىرى!

21ئەي، گىلبوۋا تاغلىرى!

ئۈستۈڭلەرگە شەبنەم ياكى يامغۇر چۈشمىسۇن،

يەرلىرىڭلاردىن ھوسۇل چىقمىسۇن،

چۈنكى يېرىڭلاردا باتۇرلارنىڭ قالقىنى بۇلغاندى،

سائۇلنىڭ قالقىنى ئەمدىلىكتە ماي بىلەن ئەمەس،

22بەلكى جەڭدە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ قېنى،

باتۇرلارنىڭ تېنىدىكى ماي بىلەن مايلاندى.

يوناتاننىڭ ئوقياسى قۇرۇق قايتمايتتى،

سائۇلنىڭ قىلىچىمۇ غەلبىسىز قايتىپ كەلمەيتتى.

23سائۇل بىلەن يوناتان قەدىردان ۋە ئېسىل ئادەملەر ئىدى.

ھاياتىدىمۇ، ئۆلۈمىدىمۇ بىر-بىرىدىن ئايرىلمىدى.

ئۇلار بۈركۈتتىنمۇ چاققانىدى،

شىردىنمۇ كۈچلۈك ئىدى!

24ئەي ئىسرائىلىيەنىڭ قىز-ئاياللىرى!

سائۇل ئۈچۈن ماتەم تۇتۇڭلار.

ئۇ سىلەرگە توق قىزىل رەڭلىك، قىممەت باھالىق كىيىملەرنى كىيدۈرگەن

ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىنى ئالتۇندىن ياسالغان زىبۇ-زىننەتلەر بىلەن بېزەتكۈزگەن.

25باتۇرلار قانداقچە يىقىلغاندۇ جەڭدە،

يوناتان قانداقچە قەتل قىلىنغاندۇ تاغلاردا!

26ئەي بۇرادىرىم يوناتان، مەن ساڭا ماتەم تۇتاي.

سەن ماڭا تولىمۇ قەدىردان ئىدىڭ،

ئاجايىپ ئىدى سېنىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتىڭ،

ئارتۇق ئىدى ھەتتا ئاياللارنىڭ مۇھەببىتىدىنمۇ.

27پالۋانلار يىقىلغاندۇ قانداقچە،

جەڭ قوراللىرى يوق بولغاندۇ قانداقچە!


2

داۋۇتنىڭ يەھۇدا قەبىلىسىگە پادىشاھ بولۇشى

1شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت پەرۋەردىگاردىن:

_ يەھۇدا شەھەرلىرىنىڭ بىرەرسىگە بارايمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

_ بار، _ دېدى پەرۋەردىگار.

_ قايسى شەھەرگە باراي؟ _ دەپ سورىدى داۋۇت.

_ ھىبرونغا بار! _ دېدى پەرۋەردىگار.

2شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئىككى ئايالىنى _ يىزرىئەللىك ئاخىنوئام بىلەن كارمەللىك نابالدىن تۇل قېلىپ داۋۇتقا تەگكەن ئابىگالنى ئېلىپ، ھىبرونغا كەتتى. 3داۋۇت يەنە ئۆز ئادەملىرىنى ھەم ئۇلارنىڭ خوتۇن-بالىلىرىنى بىللە ئېلىپ ماڭدى. ئۇلار ھىبرون شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارغا ئولتۇراقلاشتى. 4شۇنىڭدىن كېيىن يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر ھىبرونغا كېلىپ، داۋۇتنىڭ بېشىغا ياغ قۇيۇپ، ئۇنى يەھۇدا قەبىلىسىگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. داۋۇت سائۇلنى گىلئادتىكى يابېشلىقلارنىڭ دەپنە قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، 5ئۇلارغا ئەلچىلەر ئارقىلىق مۇنۇ سۆزلەرنى يەتكۈزدى: «سىلەر جانابىي پادىشاھىڭلار سائۇلغا شاپائەت كۆرسىتىپ، ئۇنى دەپنە قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن پەرۋەردىگار سىلەرگە بەخت ئاتا قىلغاي. 6سىلەرنىڭ قىلغان بۇ خەيرلىك ئىشلىرىڭلارغا يارىشا، پەرۋەردىگار سىلەرگە ھازىرلا مېھرىبانلىق ۋە ۋاپادارلىقىنى يەتكۈزگەي. مەنمۇ قىلغان ياخشىلىقىڭلارنى سىلەرگە ياخشىلىق قىلىش بىلەن ياندۇراي. 7پادىشاھىڭلار سائۇل ۋاپات بولدى. يەھۇدا قەبىلىسى مېنى ئۆزلىرىگە پادىشاھ قىلىپ تەيىنلىدى. ئەمدى دادىل ۋە قەيسەر بولۇڭلار.»

ئىشبوشەتنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ باشقا قەبىلىلىرىگە پادىشاھ بولۇشى

8نېر دېگەن ئادەمنىڭ ئوغلى ئابنېر سائۇلنىڭ قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى بولۇپ، ئۇ سائۇلنىڭ ئوغلى ئىشبوشەتنى ماخانايىم شەھىرىگە ئېلىپ كەلدى. 9ئۇ يەردە ئابنېر ئىشبوشەتنى گىلئاد، ئاشۇر، يىزرىئەل، ئەفرايىم ۋە بىنيامىن دېگەن زېمىنلارغا، يەنى پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. 10سائۇلنىڭ ئوغلى ئىشبوشەت ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولۇپ تىكلەنگەندە، قىرىق ياشتا ئىدى؛ ئۇ ئىسرائىلىيەگە ئىككى يىل پادىشاھلىق قىلدى. ۋاھالەنكى، يەھۇدا قەبىلىسى داۋۇتقا ئەگەشتى. 11داۋۇت ھىبروندا يەھۇدا قەبىلىسىگە جەمئىي يەتتە يېرىم يىل پادىشاھ بولدى.

يەھۇدىيە بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى جەڭ

12بىر كۈنى نېرنىڭ ئوغلى ئابنېر سائۇلنىڭ ئوغلى ئىشبوشەتنىڭ ئادەملىرىنى باشلاپ، ماخانايىمدىن چىقىپ گىبئون شەھىرىگە قاراپ ماڭدى. 13مەزلۇم زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئاب بولسا داۋۇتنىڭ ئادەملىرىنى باشلاپ، گىبئون كۆلىنىڭ بويىدا ئۇلار بىلەن ئۇچراشتى. ئىشبوشەتنىڭ ئادەملىرى كېلىپ كۆلنىڭ بۇ تەرىپىدە، داۋۇتنىڭ ئادەملىرى بولسا كۆلنىڭ ئۇ تەرىپىدە ئولتۇرۇشتى. 14ئابنېر يوئابقا قاراپ:

_ يىگىتلەردىن بىرنەچچىسى چىقىپ ئالدىمىزدا ئېلىشىپ باقسۇن، _ دەپ توۋلىدى.

_ مەيلى، ئېلىشسۇن، _ دېدى يوئاب. 15شۇنداق قىلىپ ئىشبوشەت بىلەن بىنيامىن قەبىلىسى ئون ئىككى ئادەم چىقىرىپ، داۋۇتنىڭ ئون ئىككى ئادىمى بىلەن ئېلىشتى. 16ئۇلار رەقىبلىرىنىڭ بېشىنى مەھكەم تۇتۇپ، بېقىنلىرىغا خەنجەر ئۇرۇشتى. شۇ تەرىقىدە ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈشتى. شۇنىڭ ئۈچۈن گىبئوندىكى بۇ يەر «خەنجەر مەيدانى» دەپ ئاتالدى. 17شۇنىڭدىن كېيىن ئىككى تەرەپ قاتتىق ئېلىشىشقا باشلىدى. نەتىجىدە ئابنېر بىلەن ئىسرائىللار داۋۇتنىڭ ئادەملىرى ئالدىدا مەغلۇپ بولدى. 18مەزلۇم زىرۇيانىڭ يوئاب، ئابىشاي، ئاسائېل دېگەن ئۈچ ئوغلى شۇ يەردە ئىدى. ئاسائېلنىڭ پۇتى خۇددى دالادىكى جەرەندەك چاققانىدى. 19ئاسائېل ئابنېرنىڭ ئارقىسىدىن قالماي، ئىز بېسىپ قوغلاپ ماڭدى.

20ئابنېر ئارقىسىغا قاراپ ئۇنىڭدىن:

_ سەن ئاسائېلمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

_ ھەئە، _ دېدى ئۇ.

21_ مېنى قوغلاشتىن توختا، باشقا بىرەر لەشكەرنى قوغلاپ، ئۇنىڭ قورال-ياراغلىرىنى تارتىۋال _ دېدى ئابنېر. لېكىن ئاسائېل ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قالماي، داۋاملىق قوغلاپ كەلدى.

22_ مېنى قوغلىما! _ دېدى ئابنېر ئاسائېلغا يەنە بىر قېتىم، _ مېنى جېنىڭنى ئېلىشقا زورلىما. ئۇنداق قىلسام ئاكاڭ يوئابنىڭ يۈزىگە قانداقمۇ قارىيالايمەن؟ 23لېكىن ئاسائېل ئۇنى قوغلاشتىن توختىمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئابنېر نەيزىسىنىڭ ئارقا ئۇچى بىلەن ئۇنىڭ قورسىقىغا بىر ئۇرۇۋىدى، نەيزە ئاسائېلنىڭ دۈمبىسىدىن چىقتى. ئاسائېل يىقىلىپ شۇ يەردىلا جان بەردى. ئاسائېلنىڭ جەسىتى ياتقان يەرگە كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى شۇ يەردە توختاپ قالدى. 24ئەمدى يوئاب بىلەن ئابىشاي ئابنېرنى قوغلاشقا باشلىدى. ئۇلار كۈن ئولتۇرغاندا ئامماھ ئېگىزلىكىگە يېتىپ كەلدى. بۇ ئېگىزلىك گىبئون چۆلىگە چىقىدىغان يول بويىدىكى گىياخ دېگەن يەرنىڭ يېنىغا جايلاشقانىدى. 25بىنيامىن قەبىلىسىدىكىلەر ئابنېرنىڭ ئەتراپىغا يىغىلىپ، بىر توپ بولۇپ ئېگىزلىكنىڭ ئۈستىدە ھازىر بولۇشتى. 26ئابنېر يوئابقا قاراپ:

_ قاچانغىچە بىر-بىرىمىزنى قىرىمىز؟ بۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ يامان بولىدىغانلىقىنى بىلمەمسەن؟ سەن ئۆز ئادەملىرىڭگە: «ئۆز قېرىنداشلىرىڭلارنى قوغلىماڭلار» دەپ قاچان بۇيرۇق قىلىسەن؟ _ دەپ توۋلىدى.

27_ مەڭگۈ ھايات خۇدا ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر سەن بايىقى سۆزلەرنى قىلمىغان بولساڭ، ئادەملىرىم ئۆز قېرىنداشلىرىنى ئەتە سەھەرگىچە داۋاملىق قوغلىغان بولاتتى، _ دېدى يوئاب 28ۋە بۇرغا*چالدۇرۇۋىدى، ئادەملىرى ئىسرائىللارنى قوغلاشتىن توختىدى، ئۇلار بىلەن جەڭمۇ قىلمىدى. 29ئابنېر ئادەملىرى بىلەن كېچىلەپ ئىئوردان ۋادىسىنى بويلاپ مېڭىپ، ئىئوردان دەرياسىدىن كېچىپ ئۆتۈپ، ئەتىسى ئەتىگەندە ماخانايىمغا يېتىپ كەلدى. 30يوئاب ئابنېرنى قوغلاشتىن ۋاز كېچىپ، ئادەملىرىنى توپلىغاندا، داۋۇتنىڭ ئادەملىرىدىن ئاسائېلدىن باشقا يەنە 19 ئادەم كەم چىقتى. 31لېكىن داۋۇتنىڭ ئادەملىرى بىنيامىن قەبىلىسىدىن، يەنى ئابنېرنىڭ ئادەملىرىدىن 360 ئادەمنى ئۆلتۈرگەنىدى. 32يوئاب ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئاسائېلنى ئېلىپ كېلىپ، بەيتلەھەمدە ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلدى. ئاندىن ئۇلار بىر كېچە يول مېڭىپ، تاڭ ئاتقاندا ھىبرونغا يېتىپ كەلدى.



*2:28 بۇرغا _ قوچقار قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ مۈڭگۈزىدىن ياسالغان، پۈۋلەپ چېلىنىدىغان قەدىمىي چالغۇ ئەسۋاب.



 

3

1سائۇل بىلەن داۋۇتنىڭ جەمەتى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش ئۇزۇن ۋاقىتقىچە داۋام قىلىپ تۇردى. داۋۇت كۈندىن-كۈنگە كۈچەيدى، سائۇلنىڭ جەمەتى بولسا كۈندىن-كۈنگە ئاجىزلاشتى.

2داۋۇت ھىبروندا بىرنەچچە ئوغۇل پەرزەنت كۆردى: تۇنجىسى يىزرىئەللىك ئاخىنوئامدىن تۇغۇلغان ئامنون، 3ئىككىنچىسى كارمەللىك نابالدىن تۇل قالغان ئابىگالدىن تۇغۇلغان كىلاب، ئۈچىنچىسى گىشۇرنىڭ پادىشاھى تالماينىڭ قىزى مائاكادىن تۇغۇلغان ئابسالوم، 4تۆتىنچىسى خاگگىتتىن تۇغۇلغان ئادونىيا، بەشىنچىسى ئابىتالدىن تۇغۇلغان شىفاتيا، 5ئالتىنچىسى داۋۇتنىڭ يەنە بىر ئايالى ئەگلاھتىن تۇغۇلغان يىترىئامدۇر. بۇلار داۋۇتنىڭ ھىبروندا كۆرگەن پەرزەنتلىرىدۇر.

ئابنېرنىڭ داۋۇتقا ئەل بولۇپ ساداقەتمەنلىك كۆرسىتىشى

6سائۇل بىلەن داۋۇت جەمەتى ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش بولۇپ تۇرغان مەزگىللەردە ئابنېرنىڭ سائۇل جەمەتىدىكى تەسىر كۈچى كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ باردى.

7سائۇلنىڭ رىزپاھ ئىسىملىك بىر توقىلى بار ئىدى، ئۇ ئايياھنىڭ قىزى ئىدى. بىر كۈنى ئىشبوشەت ئابنېرغا:

_ سەن نېمىشقا ئاتامنىڭ توقىلى بىلەن بىر ئورۇندا ياتىسەن؟ _ دېگەنىدى، 8ئابنېر ئىشبوشەتنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بەك خاپا بولۇپ:

سەن مېنى يەھۇدا قەبىلىسىگە ئىشلەۋاتقان لالما ئىت دەپ قارامسەن؟ ھازىرغىچە مەن ئاتاڭ سائۇلنىڭ جەمەتىگە، ئۇنىڭ بۇرادەرلىرى بىلەن دوستلىرىغا سادىق بولۇپ، سېنى داۋۇتنىڭ قولىغا چۈشۈرمىگەن بولساممۇ، لېكىن سەن بۈگۈن ماڭا: «ئۇ خوتۇن بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلدىڭ» دەپ ئەيىب ئارتامسەن؟ 9-10ئەگەر مەن پەرۋەردىگارنىڭ داۋۇتقا قىلغان ۋەدىسىگە بىنائەن سائۇلنىڭ پادىشاھلىقىنى ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىن تارتىۋېلىپ، داۋۇتنى پادىشاھ قىلىپ، ئۇنى شىمالدىكى دان شەھىرىدىن جەنۇبتىكى بەئەرشەبا شەھىرىگىچە بولغان پۈتۈن ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇزمايدىغان بولسام، خۇدا مەن ئابنېرغا ئېغىر جازا بەرسۇن، _ دېدى.

11ئىشبوشەت قورققىنىدىن ئۇنىڭغا بىر ئېغىزمۇ جاۋاب قايتۇرالمىدى.

12ئابنېر داۋۇتقا ئەلچى ئەۋەتىپ، «بۇ پۈتۈن زېمىن ماڭا تەۋە ئەمەسمۇ؟ مەن بىلەن ئەھدە تۈزسىلە، سىلىگە ياردەملىشىپ پۈتۈن ئىسرائىلىيەنى ئۆزلىرىگە قارايدىغان قىلىپ بېرىمەن» دېدى.

13«ياخشى گەپ! سىز بىلەن ئەھدە تۈزەي، بىراق ئالدى بىلەن سىزدىن بىر ئىشنى تەلەپ قىلىمەن. سىز مەن بىلەن كۆرۈشكىلى كەلگەندە، سائۇلنىڭ قىزى مىكالنى ئېلىپ كېلىڭ، بولمىسا مەن بىلەن كۆرۈشەلمەيسىز» دېدى داۋۇت. 14داۋۇت يەنە سائۇلنىڭ ئوغلى ئىشبوشەتنىڭ قېشىغا ئەلچىلەر ئەۋەتىپ: «مەن 100 فىلىستىيەلىكنىڭ خەتنە تېرىسىگە ئالغان ئايالىم مىكالنى ماڭا قايتۇرۇپ بېرىڭ» دېدى.

15شۇنىڭ بىلەن ئىشبوشەت ئادەملىرىنى ئەۋەتىپ، مىكالنى ئۇنىڭ ئېرى _ لايىشنىڭ ئوغلى پالتىدىن تارتىۋالدى. 16مىكالنىڭ ئېرى تاكى باخۇرىمغىچە ئەگىشىپ يىغلاپ كەلدى. ئابنېر ئۇنىڭغا:

_ بولدى، قايتىپ كەت! _ دېدى.

ئۇ قايتىپ كەتتى. 17ئابنېر ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلارغا:

_ سىلەر ئۇزۇندىن بېرى داۋۇتنىڭ ئۆزۈڭلارغا پادىشاھ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىپ كەلگەنىدىڭلار، 18ئەمدى ۋاقتى كەلدى! پەرۋەردىگار خىزمەتكارى داۋۇتقا: «مەن خەلقىم ئىسرائىللارنى فىلىستىيەلىكلەر ۋە بارلىق دۈشمەنلىرىدىن سەن ئارقىلىق قۇتۇلدۇرىمەن» دەپ ۋەدە قىلغانىدى، _ دېدى.

19ئابنېر بۇ گەپنى بىنيامىن قەبىلىسىدىكىلەرگىمۇ ئېيتتى. ئاندىن ئىسرائىللار بىلەن بىنيامىن قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ نېمىگە ماقۇل بولغانلىقىنى داۋۇتقا ئېيتقىلى ھىبرونغا باردى. 20ئابنېر 20 ئادەمنى باشلاپ ھىبروندا تۇرۇۋاتقان داۋۇتنىڭ يېنىغا كەلگەندە، داۋۇت ئابنېر ۋە ئۇنىڭ بىلەن كەلگەنلەرنىڭ شەرىپىگە زىياپەت بەردى. 21ئابنېر داۋۇتقا:

_ ئەمدى كېتىشىمگە ئىجازەت بەرسىلە، پۈتۈن ئىسرائىللارنى جانابىي ئالىيلىرىنىڭ ئالدىغا جەم قىلاي، ئۇلار ئۆزلىرى بىلەن ئەھدە تۈزىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرى ئۈمىد قىلىپ كەلگەندەك پۈتۈن خەلقنىڭ پادىشاھى بولىلا، _ دېدى.

داۋۇت ئابنېرنى يولغا سالدى، ئۇ ئامان-ئېسەن كەتتى.

يوئابنىڭ ئابنېرنى ئۆلتۈرۈشى

22شۇ چاغدا، يوئاب ۋە داۋۇتنىڭ ئادەملىرى ئۇرۇش قىلىپ نۇرغۇن ئولجىلار بىلەن قايتىپ كەلدى. ۋاھالەنكى ئابنېر ھىبروندا داۋۇت بىلەن بىللە ئەمەس ئىدى، داۋۇت ئۇنى يولغا سالغان بولۇپ، ئۇ ئامان-ئېسەن قايتىپ كەتكەنىدى. 23يوئاب ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەتكەن لەشكەرلەر قايتىپ كېلىشى بىلەنلا، يوئابنىڭ قۇلىقىغا: «نېرنىڭ ئوغلى ئابنېر كېلىپ داۋۇت پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈپتۇ، پادىشاھ ئۇنى يولغا سېلىپتۇ، ئۇ ئامان-ئېسەن قايتىپ كېتىپتۇ» دېگەن خەۋەر يېتىپ كەلدى. 24بۇنى ئاڭلىغان يوئاب پادىشاھ داۋۇت بىلەن كۆرۈشۈپ:

_ بۇ نېمە قىلغىنىڭىز؟ نېرنىڭ ئوغلى ئابنېر ئۆزى يېنىڭىزغا كەلسە، نېمىشقا ئۇنى يولغا سېلىپ قويدىڭىز؟ مانا ئەمدى ئۇ كېتىپ قاپتۇ. 25سىز نېرنىڭ ئوغلى ئابنېرنى ياخشى بىلىسىز، ئۇ بۇ يەرگە سىزنى ئالدىغىلى، نەگە بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىڭىزنى ۋە نېمە ئىش بىلەن بەند بولۇۋاتقانلىقىڭىزنى بىلگىلى كەلگەن، _ دېدى.

26يوئاب داۋۇتنىڭ يېنىدىن چىقىپ، ئابنېرنى قوغلاپ تۇتۇشقا ئادەملىرىنى ئەۋەتتى. ئۇلار ئۇنى سىراھ قۇدۇقىنىڭ يېنىدىن ياندۇرۇپ ئېلىپ كەلدى. لېكىن داۋۇت بۇ ئىشلاردىن بىخەۋەر ئىدى. 27ئابنېر ھىبرونغا قايتىپ كەلگەندە، يوئاب ئۇنىڭغا: «ئايرىم سۆزلىشەيلى» دەپ، شەھەر سېپىلىنىڭ دەرۋازىسىغا جايلاشقان بىر ئۆيگە ئېلىپ كىرىپ، «ئىنىم ئاسائېل ئۈچۈن ئىنتىقام ئالاي» دەپ، ئابنېرنىڭ قورسىقىغا خەنجەر تىقىپ ئۆلتۈردى.

28داۋۇت بۇ ۋەقەنى ئاڭلىغاندىن كېيىن:

_ ئابنېرنىڭ ئاققان قېنى ئۈچۈن مەن ۋە پادىشاھلىقىم پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا مەڭگۈ ئەيىبكار ئەمەس. 29ئۇنىڭ قېنى يوئاب ۋە ئۇنىڭ ئاتا جەمەتىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ بېشىغا چۈشسۇن! يوئابنىڭ جەمەتىدىن يىرىڭلىق يارا ۋە ئىنساننى ناپاك قىلىدىغان تېرە كېسەللىكلىرى ۋە پەقەت ئاياللارنىڭ ئىشلىرىنىلا قىلالايدىغان، قىلىچ ئاستىدا ئۆلتۈرۈلگەن ۋە نانغا زار بولغان كىشىلەر ھېچ تۈگىمىسۇن، _ دېدى.

30ئابنېر گىبئوندىكى جەڭدە يوئابنىڭ ئىنىسى ئاسائېلنى ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن يوئاب بىلەن ئۇنىڭ ئاكىسى ئابىشاي ئابنېرنى قەتل قىلدى.

داۋۇتنىڭ ئابنېرغا ماتەم تۇتۇشى

31داۋۇت يوئاب ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرغانلارغا:

«كىيىملىرىڭلارنى يىرتىڭلار، بۆز رەختكە يۆگىنىڭلار، ئابنېر ئۈچۈن ھازا تۇتۇڭلار!» دېدى. داۋۇت پادىشاھ ئۆزىمۇ جىنازىنىڭ كەينىدىن ماڭدى.

32ئۇلار ئابنېرنى ھىبروندا دەپنە قىلدى. پادىشاھ داۋۇت ئابنېرنىڭ قەبرىسى يېنىدا ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى، كۆپچىلىكمۇ كۆز يېشى قىلىشتى. 33پادىشاھ داۋۇت يەنە ئابنېرغا ئاتاپ مۇنۇ مەرسىيەنى ئوقۇدى:

ئەي ئابنېر، ئەخمەقلەردەك ئۆلۈشۈڭ كېرەكمىدى؟

34قوللىرىڭ باغلاقلىق ئەمەس ئىدى،

پۇتلىرىڭغا كىشەن سېلىقلىق ئەمەس ئىدى،

رەزىللەرنىڭ قارا نىيىتىدە يىقىلدىڭ مانا ئەمدى!

كۆپچىلىك يەنە ئابنېر ئۈچۈن يىغلاپ كېتىشتى. 35ئۇلار داۋۇتنى كەچ كىرگۈچە ئازراق غىزا يېۋېلىشقا ئۈندىگەنىدى، داۋۇت قەسەم قىلىپ:

ئەگەر مەن كۈن پاتقۇچە ئاغزىمغا بىرەر نەرسە سالسام، پەرۋەردىگار مېنى ئېغىر جازالىسۇن، _ دېدى.

36كۆپچىلىك بۇنى ئاڭلاپ ئۇنىڭدىن مەمنۇن بولۇشتى. پادىشاھنىڭ قىلغان ھەممە ئىشلىرىدىن ئۇلار خۇشال ئىدى. 37شۇنىڭ بىلەن بىرگە داۋۇتنىڭ بارلىق ئادەملىرىگە ۋە پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىگە نېرنىڭ ئوغلى ئابنېرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدە پادىشاھنىڭ قولىنىڭ يوقلۇقى مەلۇم بولدى.

38پادىشاھ ئۆزىنىڭ ئادەملىرىگە:

_ بىلمەمسىلەر، بۈگۈن ئىسرائىلىيەدىن بىر يولباشچى _ ئۇلۇغ بىر ئىنسان كەتتى. 39مەن خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان پادىشاھ بولساممۇ، لېكىن مەن يەنىلا ئاجىزمەن. زىرۇيانىڭ بۇ ئىككى ئوغلى _ يوئاب بىلەن ئابىشاي زوراۋانلاردۇر، مەن ئۇلارنى باشقۇرالمايمەن. پەرۋەردىگار يامانلارنىڭ قىلمىشىغا يارىشا جازاسىنى بەرگەي، _ دېدى.


4

ئىشبوشەتنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى

1سائۇلنىڭ ئوغلى ئىشبوشەت ئابنېرنىڭ ھىبروندا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئاڭلاپلا، يۈرىكى سېلىپ كەتتى، پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىمۇ ئالاقزادە بولۇپ كەتتى. 2ئىشبوشەتنىڭ خىزمىتىدە بائانا ۋە رېكاب ئىسىملىك قاراقچىلار توپلىرىنىڭ ئىككى سەركەردىسى بار ئىدى، ئۇلار بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان بەئەروتتا ياشايدىغان رىمموننىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. بەئەروت شەھىرى ئۇ ۋاقىتتا بىنيامىن قەبىلىسىگە تەۋە زېمىن ئىدى. 3بەئەروتنىڭ ئەسلى ئاھالىسى گىتتايىمغا قېچىپ بېرىپ، تاكى ھازىرغىچە شۇ يەردە مۇساپىر بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ.

4سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتاننىڭ ئىككىلا پۇتى ئاقسايدىغان مىفىبوشەت*ئىسىملىك بىر ئوغلى بار ئىدى. يىزرىئەلدىن سائۇل بىلەن يوناتاننىڭ قازا قىلغانلىق خەۋىرى يېتىپ كەلگەندە، ئۇ بەش ياشتا ئىدى. خەۋەر يېتىپ كېلىشى بىلەن ئىنىكئانىسى ئۇنى ئېلىپ قاچقانىدى، ئىنىكئانا ئالمان-تالمان قاچقاچقا، بالا يەرگە چۈشۈپ كېتىپ، توكۇر بولۇپ قالغانىدى.

5بىر كۈنى چۈش ۋاقتىدا بەئەروتتا ياشايدىغان رىمموننىڭ ئوغلى رېكاب بىلەن بائانا ئىشبوشەتنىڭ ئۆيىگە كەلدى. ئىشبوشەت چۈشلۈك ئۇيقۇدا ئىدى. 6كۆزەتچى ئايال بۇغداي تاسقاپ، چارچاپ كېتىپ مۈگدەپ قالغانىدى.*ئۇلار ئۆيگە غىپپىدە كىرىۋالدى. 7ئۇلار ئۆيگە كىرگەن چاغدا، ئىشبوشەت ئۆزىنىڭ ياتىقىدا كارىۋاتتا ياتاتتى، ئۇلار ئۇنىڭغا خەنجەر تىقىپ ئۆلتۈرۈپ، كاللىسىنى كېسىۋالدى ۋە كاللىسىنى ئۆزلىرى بىلەن بىللە ئېلىپ كېتىپ، ئىئوردان ۋادىسىنى بويلاپ بىر كېچە ماڭدى.

8ئۇلار ئىشبوشەتنىڭ كاللىسىنى ھىبرونغا _ داۋۇت پادىشاھنىڭ يېنىغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا:

_ ئۆزلىرىنىڭ رەقىبى سائۇل ئىلگىرى جانلىرىنى ئېلىش قەستىدە بولغانىدى. قارىسىلا، مانا بۇ ئۇنىڭ ئوغلى ئىشبوشەتنىڭ كاللىسى. پەرۋەردىگار بۈگۈن پادىشاھى ئالەمنىڭ سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئالىدىغان ئىنتىقامىنى ئېلىپ بەردى، _ دېدى.

9لېكىن داۋۇت رېكاب بىلەن بائاناغا جاۋاب بېرىپ:

_ جېنىمنى ھەممە قىيىنچىلىقلاردىن قۇتۇلدۇرۇپ قالغان مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، 10ئىلگىرى ماڭا «قارىسىلا، سائۇل ئۆلدى!» دەپ خەۋەر يەتكۈزگۈچى كىشى، ماڭا خۇش خەۋەر يەتكۈزدۈم دەپ بىلگەن. لېكىن مەن ئۇنىڭ يەتكۈزگەن خەۋىرىگە مۇكاپات ئورنىدا ئۇنى تۇتۇپ، زىقلاقتا قەتل قىلغانىدىم. 11ئۇنداقتا، ئەيىبسىز بىر ئادەمنى ئۆيىدە، ياتقان يېرىدە قەتل قىلغان رەزىللەرگە نېمىمۇ مۇكاپات بېرەي؟ ئۇ ئادەمنىڭ خۇنىنى تەلەپ قىلىپ، مەن سىلەرنى يەر يۈزىدىن يوق قىلمايمەنمۇ؟ _ دېدى.

12داۋۇت ئادەملىرىگە ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشنى بۇيرۇدى. داۋۇتنىڭ ئادەملىرى ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ، پۇت-قوللىرىنى كېسىپ، تەنلىرىنى ھىبروندىكى كۆلچەكنىڭ بويىغا ئېسىپ قويۇشتى. ئىشبوشەتنىڭ كاللىسىنى ئابنېرنىڭ ھىبروندىكى قەبرىسىگە ئېلىپ بېرىپ دەپنە قىلىشتى.



*4:4 «مىفىبوشەت»نىڭ يەنە بىر ئاتىلىشى «مىفىبائال»

*4:6 بۇ جۈملە «مۇقەددەس كىتاب»نىڭ قەدىمكى گرېكچە تەرجىمىسىگە ئاساسلاندى.



 

5

داۋۇتنىڭ پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولۇشى

1شۇنىڭدىن كېيىن ئىسرائىلىيە قەبىلىلىرىنىڭ ھەممىسى ھىبرونغا كېلىپ داۋۇتنىڭ قېشىغا يىغىلدى. ئۇلار داۋۇتقا:

_ قارىسىلا، بىز سىلىنىڭ جانجىگەر تۇغقانلىرى بولىمىز. 2بۇرۇن سائۇل بىزگە پادىشاھ بولۇپ تۇرغان ۋاقتىدا، ئۇرۇشلاردا ئىسرائىل خەلقىگە باشچىلىق قىلغانىدىلە. پەرۋەردىگارمۇ سىلىگە: «سەن خۇددى بىر پادىچى ئۆز قويلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغاندەك، مېنىڭ خەلقىم بولغان ئىسرائىللارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىسەن ۋە ئۇلارغا باشچى بولىسەن» دېگەنىدى، _ دېدى.

3شۇنداق قىلىپ، داۋۇت ھىبروندا ئىسرائىللارنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرى بىلەن «پەرۋەردىگار گۇۋاھ بولسۇن» دەپ، ئەھدە تۈزدى. ئۇلار داۋۇتنىڭ بېشىغا ياغ قۇيۇپ، ئۇنى ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ قىلدى. 4داۋۇت تەختكە ئولتۇرغان چېغىدا ئوتتۇز ياش ئىدى، ئۇ قىرىق يىل تەختتە ئولتۇردى. 5ئۇ ھىبروندا يەھۇدا قەبىلىسىگە يەتتە يېرىم يىل، يېرۇسالېمدا پۈتۈن ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەگە ئوتتۇز ئۈچ يىل پادىشاھ بولدى.

داۋۇت پادىشاھنىڭ يېرۇسالېمنى ھۇجۇم قىلىپ ئېلىشى

6داۋۇت پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى يېرۇسالېمغا كېلىپ، شۇ يەرنى بېسىپ ياتقان يەبۇسلارغا ھۇجۇم قىلماقچى بولغانىدى، يەبۇسلار: «داۋۇت ھەرگىز بۇ يەرگە كىرەلمەيدۇ» دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭغا:

_ سەن بۇ يەرگە كىرەلمەيسەن، سىلەرنى ھەتتا بۇ يەردىكى كور-توكۇرلارمۇ توسۇپ قالالايدۇ، _ دېدى.

7ۋاھالەنكى، داۋۇت سىئون قەلئەسىنى ھۇجۇم قىلىپ ئالدى. كېيىنچە بۇ قەلئەگە «داۋۇت شەھىرى» دەپ نام بەردى. 8داۋۇت ئۇ چاغدا ئۆز ئادەملىرىگە:

_ كىمكى يەبۇسلارنى يوقاتماقچى بولسا، ماڭا ئۆچ بولغان شۇ «كور» ۋە «توكۇر»لارنىڭ يېنىغا ئۆستەڭ ئارقىلىق بېرىپ، ئۇلارغا ھۇجۇم قىلسۇن، _ دېدى.

شۇ سەۋەبتىن «كور ۋە توكۇرلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا كىرەلمەيدۇ» دېگەن گەپ پەيدا بولغان.

9شۇنداق قىلىپ، داۋۇت قەلئەنى ئىگىلەپ، ئۇ يەردە تۇرۇپ قالدى ۋە ئۇ قەلئەنى «داۋۇت شەھىرى» دەپ ئاتىدى. داۋۇت شەھەرنى تىندۇرۇلغان يەردىن باشلاپ كېڭەيتىپ قۇردى. 10داۋۇت كۈندىن-كۈنگە كۈچەيدى. پەرۋەردىگار _ قۇدرەتلىك سەردار خۇدا ئۇنىڭغا يار ئىدى.

11تىر پادىشاھى ھىرام ئەلچىلەرنى داۋۇتنىڭ يېنىغا ئەۋەتتى ۋە ئۇلار بىلەن بىرگە كېدىر ياغاچلىرى، ياغاچچىلار ۋە تاشچىلارنىمۇ ئەۋەتتى. ئۇلار داۋۇتقا ئوردا سېلىپ بەردى. 12شۇنىڭ بىلەن داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىنى ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ قىلغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئۆز خەلقى ئىسرائىللار ئۈچۈن ئۆزىنىڭ پادىشاھلىقىنى گۈللەندۈرگەنلىكىنى بىلدى.

13داۋۇت ھىبروندىن كەتكەندىن كېيىن يېرۇسالېمدا يەنە بىرقانچە خوتۇن ۋە توقاللارنى ئالدى ۋە نۇرغۇن پەرزەنت كۆردى. 14يېرۇسالېمدىكى پەرزەنتلىرىنىڭ ئىسىملىرى: شاممۇۋا، شوباب، ناتان، سۇلايمان 15يىبخار، ئەلىشۇۋا، نەفەگ، يافىيا، 16ئەلىشاما، ئەليادا ۋە ئەلىفەلەت.

داۋۇت پادىشاھنىڭ فىلىستىيەلىكلەرنى يېڭىشى

17داۋۇتنىڭ بېشىغا ياغ قۇيۇلۇپ، ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ قىلىپ تەيىنلەنگەنلىكىنى ئاڭلىغان فىلىستىيەلىكلەر لەشكەرلىرىنى داۋۇتنى تۇتۇشقا ئەۋەتتى. داۋۇت بۇنى ئاڭلاپ، پاناھلىنىش ئۈچۈن تاغدىكى غارغا كەتتى. 18فىلىستىيەلىكلەر كېلىپ رافائىم جىلغىسىغا تارقالدى.

19داۋۇت پەرۋەردىگاردىن:

_ مەن فىلىستىيەلىكلەرگە قارشى جەڭگە چىقايمۇ؟ ئۇلارنى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇرامسەن؟ _ دەپ سورىدى، پەرۋەردىگار ۇنىڭغا:

_ جەڭگە چىق، مەن چوقۇم فىلىستىيەلىكلەرنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىمەن، _ دېدى.

20شۇنىڭ بىلەن داۋۇت بائال-پىرازىمغا بېرىپ فىلىستىيەلىكلەرنى مەغلۇپ قىلدى ۋە: «پەرۋەردىگار دۈشمەنلىرىم ئۈستىدىن خۇددى كەلكۈندەك بۆسۈپ ئۆتتى» دېدى. شۇڭا داۋۇت ئۇ يەرگە «بائال-پىرازىم» [مەنىسى «بۆسۈپ ئۆتكۈچى ئىگە»] دېگەن نامنى بەردى. 21فىلىستىيەلىكلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇتلىرىنى شۇ يەرگە تاشلاپ قاچقانىدى. داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئۇ بۇتلارنى ئېلىپ كەتتى.

22ۋاھالەنكى، فىلىستىيەلىكلەر كېلىپ يەنە رافائىم جىلغىسىغا تارقالدى. 23داۋۇت يەنە پەرۋەردىگاردىن نېمە ئىش قىلىش كېرەكلىكىنى سورىدى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا:

_ ئۇلارنىڭ ئالدى تەرىپىدىن بارماي، ئارقىسىغا ئايلىنىپ ئۆتۈپ، ئۇلارغا تېرەكلىكنىڭ يېنىدىن ھۇجۇم قىل، 24سەن تېرەكلەرنىڭ يۇقىرى تەرىپىدىن لەشكەرلىرىمنىڭ ئاياغ تىۋىشلىرىنى ئاڭلىشىڭ بىلەنلا تېز ھەرىكەت قىل، چۈنكى شۇ چاغدا مەن سېنىڭ ئالدىڭدا فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قوشۇنىغا قارشى ھۇجۇمغا چىققان بولىمەن، _ دېدى.

25شۇنداق قىلىپ داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئىش تۇتۇپ، فىلىستىيەلىكلەرنى گەبادىن گەزەرگىچە قوغلاپ بېرىپ، قىردى.


6

ئەھدە ساندۇقىنىڭ يېرۇسالېمغا ئېلىپ كېتىلىشى

1داۋۇت يەنە ئىسرائىللارنىڭ سەرخىل لەشكەرلىرىنى يىغدى. ئۇلار جەمئىي 30 مىڭ چىقتى. 2داۋۇت خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئۇلارنى باشلاپ، يەھۇدىيەنىڭ بائالا شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقتى. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ تېختى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۈستىدىكى ئىككى كېرۇبنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، ئۇنىنگ نام-شەرىپ ئەھدە ساندۇقىدا ئىدى. 3ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كىچىكرەك بىر تاغ ئۈستىدىكى ئابىنادابنىڭ ئۆيىدىن كۆتۈرۈپ چىقىپ، يېڭى بىر ھارۋىنىڭ ئۈستىگە قويدى. ئابىنادابنىڭ ئوغۇللىرى ئۇززا ۋە ئاخىيو ھارۋىنى ھەيدەپ ماڭدى. 4ئاخىيو ھارۋىنىڭ ئالدىدا ماڭدى. 5داۋۇت ۋە پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا لىرا، چىلتار، داپ، ساپايى ۋە جاڭلارنى چېلىپ، ھاياجان بىلەن ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناۋاتاتتى.

6ئۇلار ناكوننىڭ خامىنىغا كەلگەندە كالا پۇتلىشىپ، خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى چۈشۈپ كېتەي دېگەندە، ئۇززا قولىنى ئۇزىتىپ، ئۇنى يۆلۈۋالدى. 7بىراق ئۇززانىڭ بۇ ھەرىكىتى _ ئەھدە ساندۇقىغا خالىغانچە تەگمەسلىك قائىدىسىگە خىلاپ بولغانلىقى ئۈچۈن پەرۋەردىگار خۇدانىڭ غەزىپى كېلىپ، ئەھدە ساندۇقىنىڭ يېنىدىلا ئۇنىڭ جېنىنى ئالدى. 8داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئۇززانى جازالىغانلىقىغا خاپا بولۇپ، ئۇ يەرنى «پەرەس-ئۇززا» [مەنىسى «ئۇززانىڭ جازالىنىشى»] دەپ ئاتىدى. ئۇ يەر ھازىرغىچە شۇ نام بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە.

9شۇ كۈنى داۋۇت پەرۋەردىگاردىن قورقۇپ: «پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىغا قاراش ۋەزىپىسىنى قانداق قىلىپ ئۆز ئۈستۈمگە ئالالايمەن؟» دەپ ئويلىدى.

10شۇنىڭ بىلەن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئۆزى تۇرۇۋاتقان داۋۇت شەھىرىگە ئەكېلىشنى خالىماي، ئۇنى گاتلىق ئوبېد-ئىدومنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدى. 11پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئوبېد-ئىدومنىڭ ئۆيىدە ئۈچ ئاي تۇردى، پەرۋەردىگار ئوبېد-ئىدومنىڭ پۈتۈن ئۇرۇق-جەمەتىگە بەخت ئاتا قىلدى.

12داۋۇت پادىشاھ «ئەھدە ساندۇقى سەۋەبىدىن پەرۋەردىگار ئوبېد-ئىدومنىڭ جەمەتىگە ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە بەخت ئاتا قىلىپتۇ» دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئوبېد-ئىدومنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇ يەردىن خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى خۇشال ھالدا داۋۇتنىڭ شەھىرىگە يۆتكەپ كەلدى. 13پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ماڭغانلار ئالتە قەدەم ماڭغاندىن كېيىن، داۋۇت بىر بۇقا ۋە بىر بوردالغان مال قۇربانلىق قىلدى. 14داۋۇت كەندىر رەختتىن تىكىلگەن روھانىيلىق تونىنى كىيىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ھاياجان بىلەن ئۇسسۇل ئوينىدى. 15داۋۇت ۋە پۈتۈن ئىسرائىللار بۇرغا چېلىپ، ئالقىش ياڭرىتىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى يېرۇسالېمغا كۆتۈرۈپ ماڭدى.

16پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى داۋۇتنىڭ شەھىرىگە كىرگەن ۋاقىتتا، سائۇلنىڭ قىزى مىكال دېرىزىدىن داۋۇت پادىشاھنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا سەكرەپ ئۇسسۇل ئويناپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، كۆڭلىدە ئۇنى مەنسىتمىدى. 17ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى، داۋۇت ئۇنىڭغا ئاتاپ تىكتۈرگەن چېدىرغا ئەكىرىپ قويدى. داۋۇت پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرى قىلدى. 18شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ خەلققە قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن بەخت تىلىدى. 19يەنە پۈتۈن خەلققە، ئەر-ئايال دېمەي، ھەربىر ئادەمگە بىردىن نان، خورما قېقى ۋە كىشمىش ئۈلەشتۈرۈپ بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن كۆپچىلىك ئۆز ئۆيلىرىگە قايتىشتى.

20داۋۇت ئۆز جەمەتىگە سالام بېرىش ئۈچۈن ئۆيىگە قايتتى. سائۇلنىڭ قىزى مىكال داۋۇتنى قارشى ئېلىشقا چىقىپ ئۇنىڭغا تەنە قىلىپ:

_ پاھ، ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھى بۈگۈن قالتىس شانۇشەۋكەتلىك بولۇپ كېتىپتىغۇ؟! ئەمەلدارلىرىنىڭ دېدەكلىرى ئالدىدا خۇددى پەسكەشلەردەك يېرىم يالىڭاچ بولۇپ، ئۆزلىرىنى كۆرسەتتىلىغۇ! _ دېدى.

21داۋۇت ئۇنىڭغا:

_ ئۇسسۇل ئوينىغان بولسام، ئاتاڭنىڭ ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن جەمەتىنىڭ ئورنىغا مېنى تاللاپ، ئۆزىنىڭ خەلقى بولغان ئىسرائىلنىڭ بېشى قىلىپ تەيىنلىگەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا شادلىنىپ ئوينىدىم. 22مەن قانچە ئابرۇيسىز قالساممۇ، سەن مېنى قانچىلىك كۆزگە ئىلمىساڭمۇ، مەن يەنىلا ئۇسسۇل ئويناۋېرىمەن. ۋاھالەنكى سەن تىلغا ئالغان ئاشۇ دېدەكلەر بولسا، مېنى ھۆرمەتلىشىدۇ، _ دېدى.

23سائۇلنىڭ قىزى مىكال ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە پەرزەنت يۈزى كۆرمىدى.


7

پەرۋەردىگارنىڭ داۋۇت پادىشاھقا بەرگەن ۋەدىسى

1ئۇ چاغلاردا پادىشاھ داۋۇت ئۆز ئوردىسىدا تۇراتتى. پەرۋەردىگار ئۇنى ئەتراپىدىكى دۈشمەنلىرىدىن ئامان ساقلىدى.

2بىر كۈنى پادىشاھ ناتان ئىسىملىك پەيغەمبەرگە:

_ قاراڭ، مەن كېدىر ياغىچىدىن ياسالغان ئوردىدا تۇرۇۋاتىمەن، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى بولسا چېدىردا تۇرۇۋاتىدۇ، _ دېدى.

3ناتان پەيغەمبەر ئۇنىڭغا:

_ پەرۋەردىگار سىزگە يار بولۇۋاتقاندىكىن، كۆڭلىڭىزدە قانداق ئويلىغان بولسىڭىز شۇنداق قىلىڭ، _ دېدى.

4لېكىن شۇ كۈنى كەچتە پەرۋەردىگاردىن ناتانغا ۋەھىي كەلدى:

5سەن بېرىپ، خىزمەتكارىم داۋۇتقا مۇنداق دېگىن: «سەن مېنىڭ تۇرۇشۇم ئۈچۈن بىر ئىبادەتخانا سالماقچىمۇ؟ 6مەن پەرۋەردىگار ئىسرائىل خەلقىنى مىسىردىن باشلاپ چىققان كۈندىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر ئىبادەتخانىدا تۇرۇپ باقمىدىم، ئىزچىل چېدىردا تۇرۇپ، ھەممە يەرنى ئايلىنىپ يۈردۈم. 7مەن ئىسرائىل خەلقى بىلەن بىللە بولغان يەرلەردە خەلقىم ئىسرائىللارنى پادىچى بولۇپ باشلاپ ماڭسۇن دەپ، تەيىنلىگەن يېتەكچىلەرگە ‹نېمە ئۈچۈن ماڭا ئاتاپ كېدىر ياغىچىدىن ئوردا سالدۇرمىدىڭلار؟› دەپ باققانمۇ؟ 8مەنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، سېنى يايلاقتا قويلارنىڭ ئارقىسىدا يۈرگەن يېرىڭدىن تاللاپ، خەلقىم ئىسرائىللارغا باش بولۇشقا قويدۇم، 9قەيەرگىلا بارساڭ مەن ساڭا يار بولۇپ، ھەممە دۈشمىنىڭنى كۆز ئالدىڭدا يوقاتتىم. ئەمدى سېنىڭ نامىڭنى يەر يۈزىدىكى ئۇلۇغلارنىڭ نامىدەك ئۇلۇغ قىلىمەن. 10-11مەن خەلقىم ئىسرائىللارغا بىر جاي تاللاپ بېرىمەن ۋە ئۇلارنى ئۇ يەردە مۇستەھكەم تۇرغۇزىمەن. ئۇلار ئۆز ماكانىدا خېيىم-خەتەرسىز ياشايدۇ. مەن سەردارلارنى خەلقىم ئىسرائىللارغا يېتەكچىلىك قىلىشقا تەيىنلىگەن ئاشۇ زاماندىن تارتىپ باشلانغان، رەزىللەرنىڭ خەلقىمگە زۇلۇم قىلىشى ئەمدى توختايدۇ. مەن سېنى بارلىق دۈشمەنلىرىڭدىن تىنچ-ئامان ساقلايمەن. ئەمدى مەن پەرۋەردىگار شۇنى جاكارلايمەنكى: مەن سېنىڭ جەمەتىڭگە بىر خانىدانلىق تىكلەپ بېرىمەن. 12سېنىڭ كۈنلىرىڭ توشۇپ، ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنغان چاغدا، ئۆز پۇشتۇڭدىن بولغان بىرسىنى ئورنۇڭغا قويىمەن، ھەمدە ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەم قىلىمەن. 13ماڭا ئاتالغان ئىبادەتخانىنى ئۇ سالدۇرىدۇ، مەن ئۇنىڭ پادىشاھلىق تەختىنى مەڭگۈلۈك قىلىمەن. 14مەن ئۇنىڭغا ئاتا بولىمەن، ئۇ ماڭا ئوغۇل بولىدۇ، مۇبادا ئۇ گۇناھ ئۆتكۈزسە، ئاتا-ئانا بالىسىنى تەربىيە بېرىپ تۈزەتكەندەك، ئۇنى تۈزەيمەن. 15سېنى پادىشاھ بولسۇن دەپ، سائۇلنى مېھىر-مۇھەببىتىمدىن مەھرۇم قىلغانىدىم. لېكىن مېھىر-مۇھەببىتىمنى سېنىڭ پۇشتۇڭدىن ھېچقاچان يىراق تۇتمايمەن. 16سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ ۋە پادىشاھلىقىڭ مېنىڭ ئالدىمدا مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. سېنىڭ پادىشاھلىق تەختىڭنى ئەبەدىي قىلىمەن.»

17ناتان پەيغەمبەر پەرۋەردىگاردىن ئۆزىگە كەلگەن ۋەھىيلەرنىڭ ھەممىسىنى داۋۇتقا يەتكۈزدى.

داۋۇتنىڭ دۇئا ۋە مەدھىيەسى

18شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت ئەھدە ساندۇقى قويۇلغان چېدىرغا كىرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئولتۇرۇپ مۇنداق دېدى:

_ ئى ئىگەم پەرۋەردىگار! ماڭا بۇ قەدەر شاپائەت قىلغۇدەك مەن كىم ئىدىم، ئائىلەم قانچىلىك ئىدى؟ 19ئۇنىڭ ئۈستىگە، سەن ئىگەم پەرۋەردىگار مەن قۇلۇڭنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە ۋەدە بەردىڭ. ئىگەم پەرۋەردىگار، سەن باشقا ئىنسانلارغىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلامسەن؟ 20ئاھ ئىگەم پەرۋەردىگار، سەن قۇلۇڭنى بىلىسەن، ساڭا دەيدىغان يەنە نېمە گېپىم بولسۇن؟ 21بەرگەن ۋەدەڭ ۋە ئۆز خاھىشىڭ بويىچە شۇنداق ۇلۇغۋار ئىشلارنى قىلدىڭ ۋە بۇ ئىشلارنى قۇلۇڭغا ئايان قىلدىڭ.

22ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، نەقەدەر ئۇلۇغدۇرسەن، سېنىڭ تەڭدىشىڭ يوقتۇر. سەن بىردىنبىر ھەقىقىي خۇدادۇرسەن. بىز ساڭا ئوخشاش باشقا خۇدا ھەققىدە ھېچقاچان ئاڭلاپ باقمىغانىدۇق. 23يەر يۈزىدە ئىسرائىللاردەك يەنە بىر خەلق بارمۇ؟ قايسى بىر خەلقنى ئىسرائىللاردەك قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرۇپ ئۆز خەلقىڭ قىلدىڭ؟ ئىسرائىللار ئۈچۈن قىلغان ئۇلۇغ مۆجىزىلىرىڭ شان-شۆھرىتىڭنى نامايان قىلدى. ئۆز خەلقىڭنى مىسىردىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋالغان يات ئەللەرنى بۇتلىرى بىلەن قوشۇپ قوغلىۋەتتىڭ. 24ئى پەرۋەردىگار، سەن ئىسرائىللارنى مەڭگۈگە ئۆز خەلقىڭ قىلدىڭ ۋە ئۆزۈڭ ئۇلارنىڭ خۇداسى بولدۇڭ.

25ئى پەرۋەردىگار خۇدا، قۇلۇڭ ۋە قۇلۇڭنىڭ ئەۋلادلىرى توغرۇلۇق قىلغان سۆزلىرىڭدە مەڭگۈگە تۇرغايسەن، ۋەدىلىرىڭنى ئىشقا ئاشۇرغايسەن. 26شۇندا نامىڭ تائەبەدكە ئۇلۇغلىنىپ، ئىنسانلار: «ئىسرائىللارغا يېتەكچىلىك قىلغۇچى خۇدا، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئىكەن» دەپ بىلىدۇ، قۇلۇڭىڭ داۋۇتنىڭ خانىدانلىقى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە سېنىڭ ھۇزۇرۇڭدا مۇستەھكەم تۇرىدۇ.

27ئەي قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا! سەن قۇلۇڭ داۋۇتنىڭ جەمەتىگە بىر خانىدانلىق تىكلەپ بېرىدىغانلىقىڭنى ئايان قىلغانىدىڭ، شۇ سەۋەبتىن مەن ساڭا شۇنداق دەپ دۇئا قىلىشقا جۈرئەت قىلدىم. 28ئى ئىگەم پەرۋەردىگار! سەن خۇدادۇرسەن. سېنىڭ سۆزلىرىڭ ئىشەنچلىكتۇر. سەن ماڭا مۇشۇنداق ياخشى ئىشلارنى ۋەدە قىلدىڭ. 29ئەمدى مەن ساڭا شۇنداق ئىلتىجا قىلاي، مېنىڭ خانىدانلىقىمنىڭ ھۇزۇرۇڭدا مەڭگۈ تۇرۇشى ئۈچۈن بەخت ئاتا قىلغايسەن. ئى پەرۋەردىگار! سەن شۇنى ۋەدە قىلغانسەن، سەن ئاتا قىلغان بەخت بىلەن قۇلۇڭنىڭ خانىدانلىقى مەڭگۈ بەختكە سازاۋەر بولىدۇ.


8

داۋۇتنىڭ يات ئەللەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشى

1مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن داۋۇت فىلىستىيەلىكلەرگە يەنە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى بويسۇندۇردى. داۋۇت فىلىستىيەلىكلەرنىڭ يېرىنى تارتىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالدى. 2ئۇ موئابلارنىمۇ مەغلۇپ قىلدى. ئۇ ئۇلارنى يەرگە ئۈچ قاتار بولۇپ يېتىشقا بۇيرۇدى. ئاندىن ئىككى قاتاردىكىلەرنى ئۆلتۈرۈپ، بىر قاتاردىكىلەرنى ساق قالدۇردى. شۇنداق قىلىپ تىرىك قالغان موئابلار داۋۇتقا ئەل بولۇپ، ئۇنىڭغا باج-سېلىق تۆلەيدىغان بولدى.

3زوباھ پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى رىخوبنىڭ ئوغلى ھادادئەزەر فىرات دەرياسى ئەتراپىدىكى زېمىنغا بولغان باشقۇرۇشىنى قايتۇرۇۋېلىشقا ئاتلىنىپ چىققاندا، داۋۇت ئۇنى مەغلۇپ قىلدى. 4داۋۇت ئۇنىڭدىن 1700 ئاتلىق لەشكەر، 20 مىڭ پىيادە لەشكەرنى ئەسىرگە ئالدى. يۈز ھارۋىنى تارتىشقا يەتكۈدەك ئاتنى قالدۇرغاندىن بۆلەك، قالغان ئاتلارنىڭ ھەممىسىنىڭ پېيىنى كەستۈرۈۋەتتى.

5دەمەشقتىكى سۈرىيەلىكلەر زوباھ پادىشاھى ھادادئەزەرگە ياردەم بېرىشكە كەلگەندە، داۋۇت سۈرىيەلىكلەردىن 22 مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردى. 6شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت دەمەشقتىكى سۈرىيەلىكلەر رايونىغا ئۆزىنىڭ قوشۇنلىرىنى تۇرغۇزدى. شۇنداق قىلىپ سۈرىيەلىكلەر داۋۇتقا ئەل بولۇپ، ئۇنىڭغا باج-سېلىق تۆلەيدىغان بولدى. داۋۇت مەيلى نەگە ھۇجۇم قىلمىسۇن، پەرۋەردىگار ئۇنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرۈپ تۇردى. 7داۋۇت ھادادئەزەرنىڭ ئادەملىرىنىڭ ئالتۇن قالقانلىرىنى ئولجا ئېلىپ يېرۇسالېمغا قايتتى. 8داۋۇت پادىشاھ يەنە ھادادئەزەرنىڭ بەتاخ ۋە بېروتاي دېگەن ئىككى شەھىرىدىنمۇ ناھايىتى نۇرغۇن تۇچ ئولجا ئالدى. 9خامات پادىشاھى توئۇ داۋۇتنىڭ ھادادئەزەرنىڭ پۈتۈن قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ 10ئوغلى يورامنى داۋۇت پادىشاھنىڭ ئالدىغا سالامغا ئەۋەتتى ۋە ئۇنىڭ ھادادئەزەر بىلەن جەڭ قىلىپ، ئۇنى مەغلۇپ قىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى. ئەمەلىيەتتە توئۇ ھادادئەزەر بىلەن دائىم ئۇرۇش قىلىپ كەلگەنىدى. يورام داۋۇت پادىشاھقا ئالتۇن، كۈمۈش ۋە تۇچتىن ياسالغان نەرسىلەرنى ئالغاچ باردى. 11-12داۋۇت پادىشاھ بۇ نەرسىلەرنى ئۆزى بۇرۇن بويسۇندۇرغان بارلىق خەلقلەردىن، يەنى ئىدوملۇقلار، موئابلار، ئاممونلار، فىلىستىيەلىكلەر ۋە ئامالەكلەردىن ئولجا ئالغان ھەممە ئالتۇن-كۈمۈشلەر، شۇنداقلا زوباھ پادىشاھى رىخوبنىڭ ئوغلى ھادادئەزەردىن ئالغان ئولجىلارنىڭ بىر قىسمى بىلەن قوشۇپ پەرۋەردىگار ئۈچۈن قىلىنىدىغان خىزمەتلەرگە ئاتىدى.

13داۋۇت تۇز جىلغىسىدا ئىدوملۇقلاردىن 18 مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قايتقاندىن كېيىن، ناھايىتى داڭ چىقاردى.*14ئۇ يەنە ئىدومنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئۆز قوشۇنلىرىنى تۇرغۇزدى. ئىدوملۇقلارنىڭ ھەممىسى داۋۇتقا ئەل بولدى، داۋۇت قەيەرگە بېرىپ جەڭ قىلمىسۇن، ھەممە يەردە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا غەلىبە-نۇسرەت ئاتا قىلدى.

داۋۇتنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ۋەزىپىلىرى

15داۋۇت ئەمدى پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلدى، ئۇ خەلقنى ئادىللىق ۋە ھەققانىيەت بىلەن باشقۇردى.

16مەزلۇم زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئاب قوشۇنغا باش سەركەردە، ئاخىلۇدنىڭ ئوغلى يىھوشافات تەزكىرىچى، 17ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى زادوق بىلەن ئەبىياتارنىڭ ئوغلى ئاخىمەلەك روھانىي*، سىرايا پۈتۈكچى، 18يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايا كىرېتلەر بىلەن پىلېتلەردىن تەركىب تاپقان ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى، داۋۇتنىڭ ئوغۇللىرى روھانىي ئىدى.



*8:13 يەنە بىر خىل تەرجىمىسى _ «داۋۇت سۈرىيەگە قارشى ھۇجۇم قىلىپ قايتتى. ئاندىن ئۇ تۇز جىلغىسىدا ئىدوملۇقلاردىن 18 مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ناھايىتى داڭ چىقاردى.»

*8:17 يەنە بىر خىل تەرجىمىسى _ «زادوق بىلەن ئەبىياتارنى (ئاخىمەلەكنىڭ ئوغلى ۋە ئاخىتۇبنىڭ نەۋرىسى) روھانىي.»



 

9

داۋۇتنىڭ مىفىبوشەتكە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىشى

1بىر كۈنى داۋۇت:

_ سائۇل جەمەتىدىن ھايات قالغانلاردىن بىرەر كىشى بارمۇ؟ _ دەپ سورىدى، _ ئەگەر بولسا مەن يوناتاننىڭ ھەق ھۆرمىتى ئۈچۈن ئۇ كىشىگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەي.

2سائۇلنىڭ جەمەتىگە ئىشلەيدىغان زىبا ئىسىملىك بىر خىزمەتكار بار ئىدى، ئۇنى داۋۇتنىڭ يېنىغا چاقىرتىپ كېلىشتى.

_ سەن زىبا بولامسەن؟ _ دەپ سورىدى داۋۇت پادىشاھ ئۇنىڭدىن.

_ ھەئە ئالىيلىرى، مەن بولىمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ.

3_ سائۇل جەمەتىدىن ھازىرغىچە بىرەر ئادەم قالغانمۇ؟ مەن ئۇنىڭغا خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنى كۆرسىتەي، _ دېدى پادىشاھ يەنە.

_ يوناتاننىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرى ھايات بولۇپ، ئۇنىڭ ئىككىلا پۇتى توكۇردۇر، _ دەپ جاۋاب بەردى زىبا.

4_ ئۇ نەدە؟ _ سورىدى پادىشاھ.

_ ئۇ لودىباردىكى ئاممىئېلنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ ئۆيىدە تۇرىدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى زىبا.

5شۇنىڭدىن كېيىن، داۋۇت پادىشاھ لودىباردىكى ئاممىئېلنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ ئۆيىدىن ئۇنى ئېلىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتتى. 6سائۇلنىڭ نەۋرىسى، يەنى يوناتاننىڭ ئوغلى مىفىبوشەت داۋۇتنىڭ ئالدىغا كېلىپ، يەرگە باش قويۇپ، تەزىم قىلدى.

_ مىفىبوشەت! _ دېدى داۋۇت.

_ لەببەي، _ دېدى ئۇ.

7_ قورقما، مەن ئاتاڭ يوناتاننىڭ ھەق ھۆرمىتى ئۈچۈن ساڭا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ، بۇرۇن بوۋاڭ سائۇلغا تەۋە بولغان يەر-زېمىننىڭ ھەممىسىنى ساڭا بېرىمەن. بۇنىڭدىن باشقا، سەن دائىم داستىخىنىمدا مەن بىلەن بىللە غىزالىنىسەن، _ دېدى داۋۇت پادىشاھ ئۇنىڭغا.

8_ پېقىر ئۆلۈك ئىتتەك قەدىرسىز بىر ئادەممەن، ئۆزلىرىنىڭ بۇنچىۋالا ياخشىلىق قىلىشلىرىغا ئەرزىمەيمەن، _ دېدى مىفىبوشەت يەنە بىر مەرتەم تەزىم قىلىپ.

9داۋۇت پادىشاھ سائۇل ئۈچۈن ئىشلىگەن خىزمەتكار زىبانى چاقىرتىپ كېلىپ ئۇنىڭغا:

_ مەن سائۇل ۋە ئۇنىڭ جەمەتىگە نېمە تېگىشلىك بولسا، ھەممىسىنى خوجايىنىڭنىڭ نەۋرىسىگە بەردىم. 10سەن، ئوغۇللىرىڭ شۇنداقلا خىزمەتكارلىرىڭنىڭ ھەممىسى خوجايىنىڭنىڭ جەمەتى ئۈچۈن يەرلىرىنى تېرىپ، ئالغان ھوسۇلنى ئۇلارنىڭ يەپ-ئىچىشىگە بەرگىن. خوجايىنىڭنىڭ نەۋرىسى مىفىبوشەت بولسا دائىم مەن بىلەن بىر داستىخاندا بولىدۇ، _ دېدى. (زىبانىڭ 15 ئوغلى، 20 خىزمەتكارى بار ئىدى.)

11زىبا پادىشاھقا:

_ پېقىر پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ ئەمر قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى بەجا كەلتۈرىدۇ، _ دېدى.

شۇنىڭدىن كېيىن مىفىبوشەت خۇددى پادىشاھنىڭ ئوغلىدەك پادىشاھ بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ غىزالىنىدىغان بولدى.

12مىفىبوشەتنىڭ مىكا ئىسىملىك بىر كىچىك ئوغلى بار ئىدى. زىبانىڭ ئۆيىدە تۇرىدىغانلارنىڭ ھەممىسى مىفىبوشەتنىڭ خىزمەتكارلىرى بولدى. 13ئىككىلا پۇتى توكۇر بولغان مىفىبوشەت ئەمدى يېرۇسالېمدا ياشاپ قالدى ۋە دائىم پادىشاھ بىلەن بىر داستىخاندا غىزالىنىپ تۇردى.


10

داۋۇتنىڭ سۈرىيەلىكلەر ۋە ئاممونلارنى مەغلۇپ قىلىشى

1ئارىدىن بىرقانچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ئاممونلارنىڭ پادىشاھى ناخاش ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ پادىشاھلىق ئورنىغا ئوغلى خانۇن چىقتى.

2داۋۇت: «خانۇننىڭ ئاتىسى ناخاش ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، مەن ئۇنىڭ ئوغلى خانۇنغا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىمەن» دەپ ويلىدى. داۋۇت ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىش ئۈچۈن ئەلچىلىرىنى ئەۋەتتى. ئەلچىلەر ئاممونلارنىڭ زېمىنىغا كىرگەندە، 3ئاممونلارنىڭ ئەمەلدارلىرى خوجىسى خانۇنغا:

_ داۋۇت بۇ يەرگە ھال سورىغىلى ئادەم ئەۋەتىپتۇ. سىلىچە ئۇ ئاتىلىرىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىۋاتقانمىدۇ؟ ئۇنىڭ ئەلچىلىرنىڭ بۇ يەرگە كېلىشتىكى مەقسىتى بۇ شەھەرنى تەكشۈرۈپ، پايلاپ چىقىپ، ئاندىن كېيىن شەھەرنى ئىشغال قىلىش، دەپ ئويلىماملا؟ _ دېيىشتى.

4شۇنىڭدىن كېيىن خانۇن داۋۇتنىڭ ئەلچىلىرىنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنىڭ بىر تەرىپىدىكى ساقال-بۇرۇتلىرىنى چۈشۈرۈۋەتتى. يەنە ئۇلارنىڭ تونلىرىنىڭ ئاستى تەرىپىدىن يانپاشلىرىغىچە بولغان قىسمىنى كېسىۋېتىپ، ئاندىن ئۇلارنى قوغلىۋەتتى. 5داۋۇت ئەلچىلەرنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇلارنى كۈتۈۋېلىشقا ئالدىغا ئادەم ئەۋەتتى. ئەلچىلەر تولىمۇ ئىزا-ئاھانەتتە قالغانىدى. پادىشاھ ئەلچىلىرىگە: «سىلەر ئېرىخا شەھىرىدە تۇرۇپ، ساقال-بۇرۇتۇڭلار ئۆسكەندىن كېيىن قايتىپ كېلىڭلار» دەپ سۆز ئەۋەتتى.

6ئاممونلار ئۆزلىرىنىڭ داۋۇتنى رەنجىتىپ قويغانلىقىنى بىلىپ، بەيت-رىخوب ۋە زوباھتىكى سۈرىيەلىكلەردىن 20 مىڭ پىيادە لەشكەر، مائاكا پادىشاھىدىن بىر مىڭ لەشكەر، توبلۇقلاردىن 12 مىڭ لەشكەر ياللاپ ئالدى. 7داۋۇت بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئىسرائىلىيەنىڭ پۈتۈن قوشۇنىنى يوئابنىڭ باشچىلىقىدا ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا چىقاردى. 8ئاممونلار پايتەخت رابباھ شەھىرىدىن چىقىپ، شەھەر دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا سەپ تۈزۈپ تۇردى، زوباھ ۋە رىخوبتىكى سۈرىيەلىكلەر، توبلۇقلار ۋە مائاكانىڭ ئادەملىرى بولسا دالادا ئايرىم بىر قوشۇن بولۇپ تۇردى.

9يوئاب ئۆزىنىڭ ئالدى-كەينىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرايدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىسرائىلىيەنىڭ بىر قىسىم خىل لەشكەرلىرىنى تاللاپ، ئۇلارنى سۈرىيەلىكلەرگە قارشى سەپكە تۇرغۇزدى. 10قالغان ئادەملىرىنى بولسا ئاكىسى ئابىشاينىڭ باشقۇرۇشىغا قويدى. ئابىشاي ئۇلارنى ئاممونلارغا قارشى جەڭگە تەييار قىلدى.

11يوئاب ئابىشايغا:

_ مۇبادا سۈرىيەلىكلەر مەندىن كۈچلۈك چىقسا، سەن ماڭا ياردەمگە كەل. مۇبادا ئاممونلار سەندىن كۈچلۈك چىقسا، مەن ساڭا ياردەمگە باراي. 12جاسارەتلىك بول، خەلقىمىز ۋە خۇدايىمىزنىڭ شەھەرلىرى ئۈچۈن جان تىكىپ ئۇرۇش قىلايلى! پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى ئەمەلگې ئاشقاي، _ دېدى.

13يوئاب ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئىلگىرىلەپ بېرىپ، سۈرىيەلىكلەرگە ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە تەييار بولدى؛ سۈرىيەلىكلەر ئۇلارنىڭ ئالدىدا قاچتى. 14سۈرىيەلىكلەرنىڭ قاچقانلىقىنى كۆرگەن ئاممونلارمۇ ئابىشايدىن قېچىپ، شەھەرگە قايتىپ كىرىۋالدى. شۇنىڭدىن كېيىن يوئاب ئاممونلار بىلەن جەڭ قىلماي، يېرۇسالېمغا قايتىپ كەتتى.

15ئىسرائىللاردىن يېڭىلگەنلىكىنى بىلگەن سۈرىيەلىكلەر يەنە قوشۇنلىرىنى يىغىشتى. 16پادىشاھ ھادادئەزەر فىرات دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى سۈرىيەلىكلەرگە ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇلارنى يۆتكەپ كەلدى. ئۇلار ھادادئەزەرنىڭ قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى شوباكنىڭ رەھبەرلىكىدە خېلام شەھىرىگە كەلدى.

17بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان داۋۇت ئىسرائىلىيەدىكى لەشكەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ، ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، خېلامغا كەلدى. ئۇ يەردە سۈرىيەلىكلەر سەپ تۈزۈپ داۋۇتقا قارشى جەڭگە ئاتلاندى، 18ۋاھالەنكى، سۈرىيەلىكلەر ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىن يەنە قاچتى. داۋۇت سۈرىيەلىكلەرنىڭ جەڭ ھارۋىسى ھەيدەيدىغان 7 يۈز لەشكىرىنى ۋە 40 مىڭ ئاتلىق لەشكىرىنى ئۆلتۈردى. داۋۇت يەنە سۈرىيەلىكلەرنىڭ قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى شوباكنى يارىلاندۇردى. ئۇ شۇ يەردە ئۆلدى. 19ھادادئەزەرگە تەۋە پادىشاھلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ ئىسرائىللاردىن مەغلۇپ بولغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلار بىلەن سۈلھى تۈزۈشۈپ، ئىسرائىللارغا ئەل بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن سۈرىيەلىكلەر ئاممونلارغا ياردەم بېرىشتىن قورقۇپ قالدى.


11

داۋۇت ۋە باتشەبا

1ئەتىياز كېلىپ، پادىشاھلار جەڭگە چىقىدىغان چاغ بولدى. داۋۇت پۈتۈن ئىسرائىلىيە قوشۇنىنى يوئاب بىلەن لەشكەر باشلىرىنىڭ باشچىلىقىدا جەڭگە ئاتلاندۇردى. ئۇلار ئاممونلارنى يەڭدى ۋە رابباھنى قورشاۋغا ئېلىۋالدى. داۋۇت ئۆزى بولسا يېرۇسالېمدا قالدى.

2بىر كۈنى كەچقۇرۇن داۋۇت ئورنىدىن تۇرۇپ، ئوردىنىڭ ئۆگزىسىدە ئۇيان-بۇيان مېڭىپ يۈرگىنىدە، ناھايىتى چىرايلىق بىر ئايالنىڭ يۇيۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى. 3داۋۇت ئۇ ئايالنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتتى. ئۇ ئادەم قايتىپ كېلىپ:

_ ئۇ ئەلىئامنىڭ قىزى، خىت خەلقىدىن بولغان ئۇرىيانىڭ خوتۇنى باتشەبا ئىكەن، _ دېدى.

4داۋۇت ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇ ئايالنى ئەكەلدۈردى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولدى. (بۇ چاغدا ئۇ ئايال ھەيز كۆرۈپ يېڭىدىن ساقايغان بولۇپ، ئەمدىلا تازىلىنىپ بولغانىدى). كېيىن ئۇ ئايال ئۆيىگە قايتىپ كەتتى.

5ئايال ئۆزىنىڭ ھامىلىدار بولۇپ قالغانلىقىنى بىلىپ، بۇ ھەقتە داۋۇتقا خەۋەر ئەۋەتتى.

6داۋۇت يوئابقا ئادەم ئەۋەتىپ: «سەن خىت خەلقىدىن بولغان ئۇرىيانى مېنىڭ يېنىمغا ئەۋەتكىن» دېدى. يوئاب ئۇرىيانى داۋۇتنىڭ يېنىغا ئەۋەتتى.

7ئۇرىيا كەلگەندىن كېيىن، داۋۇت ئۇنىڭدىن يوئاب ۋە لەشكەرلەرنىڭ شۇنداقلا جەڭ مەيدانىنىڭ ئەھۋالىنى سورىدى.

8ئاندىن داۋۇت ئۇنىڭغا:

_ ئۆيۈڭگە قايتىپ، دەم ئالغىن! _ دېدى.

ئۇرىيا ئوردىدىن كەتكەندىن كېيىن، داۋۇت پادىشاھ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن سوۋغاتلارنى ئەۋەتتى.

9ئۇرىيا بولسا ئۆزىنىڭ ئۆيىگە قايتماي، پادىشاھنىڭ خىزمەتكارلىرى بىلەن بىللە ئوردا دەرۋازىسىنىڭ يېنىدا قونۇپ قالدى.

10«ئۇرىيا ئۆيىگە قايتماپتۇ» دېگەن خەۋەر داۋۇتقا يەتكەندە، ئۇ ئۇرىيانى چاقىرتىپ، ئۇنىڭدىن:

_ سەن سەپەردىن كېلىپ تۇرۇپ، نېمىشقا ئۆز ئۆيۈڭگە بارمىدىڭ؟ _ دەپ سورىدى.

11ئۇرىيا جاۋاب بېرىپ:

_ ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە لەشكەرلىرى چېدىرلاردا تۇرۇۋاتىدۇ، ئەھدە ساندۇقىمۇ ئۇلارنىڭ يېنىدا. خوجام يوئاب ۋە ئۇنىڭ سەركەردىلىرى دالادا يېتىۋاتسا، مەن قانداقمۇ ئۆيگە قايتىپ يەپ-ئىچىپ، خوتۇنۇم بىلەن بىللە ياتاي؟ مەن سىلىنىڭ ناملىرى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن ھەرگىز ئۇنداق ئىشنى قىلمايمەن، _ دېدى.

12_ بۈگۈنمۇ مۇشۇ يەردە قال. مەن سېنى ئەتە ئۇرۇش مەيدانىغا يولغا سېلىپ قويىمەن، _ دېدى داۋۇت ئۇرىياغا. ئۇرىيا شۇ كۈنى يېرۇسالېمدا قالدى. 13ئەتىسى داۋۇت ئۇرىيانى ئۆزى بىلەن غىزالىنىشقا چاقىرتىپ، ئۇنى مەست قىلىپ قويدى. ۋاھالەنكى، كەچ بولغاندا ئۇرىيا ئۆز ئۆيىگە بېرىپ ياتماي، يەنىلا پادىشاھنىڭ خىزمەتكارلىرى ياتىدىغان جايدا ياتتى.

14ئەتىسى ئەتىگەندە داۋۇت يوئابقا بىر پارچە خەت يېزىپ، ئۇنى ئۇرىيا ئارقىلىق ئەۋەتتى. 15ئۇ خېتىدە: «ئۇرىيانى ئەڭ شىددەتلىك جەڭ بولىدىغان ئالدىنقى سەپكە ئەۋەت، ئۇنىڭ جەڭدە ئۆلۈپ كېتىشى ئۈچۈن، ئۇنى يالغۇز تاشلاپ، كەينىڭلارغا چېكىنىڭلار» دەپ يازغانىدى.

16يوئاب ئۇ چاغدا رابباھ شەھىرىنى مۇھاسىرىگە ئېلىۋاتاتتى. دۈشمەنلەر قەيەردە ئەڭ كۈچلۈك بولسا، ئۇ ئۇرىيانى شۇ يەرگە ئەۋەتتى. 17دۈشمەن لەشكەرلىرى شەھەردىن چىقىپ، يوئابنىڭ قوشۇنى بىلەن ئېلىشقاندا، داۋۇتنىڭ لەشكەرلىرىنىڭ بەزىلىرى يىقىلدى. خىت خەلقىدىن بولغان ئۇرىيامۇ ئۆلدى.

18شۇنىڭدىن كېيىن، يوئاب داۋۇتقا خەۋەرچى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا جەڭ ئەھۋالىدىن مەلۇمات بەردى. 19يوئاب خەۋەرچىگە:

_ سەن پادىشاھقا پۈتۈن جەڭ ئەھۋالىنى تولۇق يەتكۈزگىن. 20ئەگەر پادىشاھ ئاڭلاپ قاتتىق خاپا بولۇپ، سېنى: «سىلەر نېمىشقا شەھەرگە شۇنچە يېقىن بېرىپ جەڭ قىلدىڭلار، دۈشمەننىڭ سېپىلدىن ئوق ئاتىدىغانلىقىنى بىلمەمتىڭلار؟ 21گىدئوننىڭ ئوغلى ئابىمەلەكنى كىمنىڭ ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلمەمسىلەر، ئۇنى تىبېزدا بىر ئايال سېپىلدىن يارغۇنچاقنىڭ تېشىنى تاشلاپ ئۆلتۈرمىگەنمىدى؟*شۇنداق ئىكەن سىلەر سېپىلغا نېمىشقا شۇنچە يېقىن باردىڭلار؟» دەپ ئەيىبلەپ كەتسە، سەن ئۇنىڭغا: «پادىشاھنىڭ خىزمەتكارى ئۇرىيامۇ ئۆلدى» دەپ جاۋاب بەرگىن، _ دېدى.

22خەۋەرچى داۋۇت پادىشاھنىڭ يېنىغا باردى ۋە يوئاب تاپىلىغان سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭغا ئېيتتى. 23خەۋەرچى داۋۇت پادىشاھقا:

_ دۈشمىنىمىز بىزدىن كۈچلۈك كەلدى. ئۇلار شەھەردىن چىقىپ، دالادا بىز بىلەن جەڭ قىلدى. بىراق بىز ئۇلارنى شەھەر دەرۋازىسىغىچە قوغلاپ باردۇق. 24شۇ پەيتتە دۈشمەننىڭ ئوقياچىلىرى سېپىلدا تۇرۇپ، پادىشاھى ئالەمنىڭ لەشكەرلىرىنى ئوقياغا تۇتۇشتى. سىلىنىڭ لەشكەرلىرىدىن بەزىلىرى ئۆلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە خىت خەلقىدىن بولغان خىزمەتكارلىرى ئۇرىيامۇ بار، _ دېدى.

25داۋۇت خەۋەرچىگە:

_ سەن بېرىپ يوئابنى رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇنىڭغا: «بۇ ئىش سەۋەبىدىن كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما، جەڭ قۇربانسىز بولمايدۇ. ئەمدى شەھەرگە بولغان ھۇجۇمنى كۈچەيتىپ، شەھەرنى ئىشغال قىل» دېگىن، _ دېدى.

26ئۇرىيانىڭ ئايالى ئېرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ھازا تۇتتى. 27ھازا مۇددىتى توشۇشى بىلەن داۋۇت ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى ئوردىغا ئەكەلدۈرۈۋالدى. ئۇ داۋۇتقا خوتۇن بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. لېكىن داۋۇتنىڭ بۇ قىلغانلىرى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىللىك ئىدى.



*11:21 مۇقەددەس كىتابنىڭ «سەردارلار» قىسمى9-باب، 50-53 ئايەتلەرگىچە قارالسۇن.



 

12

پەرۋەردىگارنىڭ داۋۇتنى ئەيىبلىشى

1پەرۋەردىگار ناتان پەيغەمبەرنى داۋۇتنىڭ يېنىغا ئەۋەتتى. ئۇ كېلىپ، داۋۇتقا مۇنداق دېدى:

_ بىر شەھەردە ئىككى ئادەم بار بولۇپ، بىرسى باي، بىرسى كەمبەغەل ئىكەن. 2باينىڭ ناھايىتى كۆپ چارۋا-ماللىرى بار ئىكەن، 3كەمبەغەلنىڭ بولسا سېتىۋېلىپ بېقىۋاتقان كىچىككىنە بىر چىشى قوزىسىدىن باشقا ھېچنېمىسى يوق ئىكەن. ئۇ قوزا كەمبەغەلنىڭ ئۆيىدە ئۇنىڭ بالىلىرى بىلەن بىللە چوڭ بولۇشقا باشلاپتۇ. قوزا ئۇنىڭ تامىقىدىن يەپ، قاچىسىدىن سۈت ئىچىپ، قوينىدا ئۇخلايدىكەن. قىسقىسى قوزا ئۇ ئادەمنىڭ قىزىدەكلا بولۇپ كېتىپتۇ. 4بىر كۈنى باينىڭ ئۆيىگە بىر يولۇچى چۈشۈپتۇ. باي مېھمانغا تائام ھازىرلاش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ماللىرىدىن بىرەرنى سويۇشقا كۆزى قىيماي، ھېلىقى كەمبەغەلنىڭ پاقلىنىنى ئەكەلدۈرۈپ، ئۇنى سويۇپتۇ-دە، يولۇچىنى مېھمان قىلىپتۇ.

5داۋۇت بۇنى ئاڭلاپ بايغا قاتتىق غەزەپلىنىپ، ناتانغا:

_ مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، بۇنداق ئىشنى قىلغان ئادەم ئۆلۈمگە مەھكۇمدۇر. 6ئۇ باغرى تاشلىق قىلىپ، بۇنداق ئىشنى قىلغانلىقى ئۈچۈن كەمبەغەلگە تۆت پاقلان تۆلىشى كېرەك، _ دېدى.

7_ ئۇ ئادەم دەل سەن! _ دېدى ناتان داۋۇتقا، _ پەرۋەردىگار، ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ساڭا دەيدۇكى: «مەن سېنى ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولۇشقا تاللاپ، سائۇلنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقتىم. 8ئۇنىڭ ئوردىسىنى ساڭا ئاتا قىلىپ، خوتۇنلىرىنى قۇچىقىڭغا سېلىپ بەردىم. ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە پادىشاھلىقلىرىنىمۇ ساڭا بەردىم. بۇلارنى ئاز كۆرگەن بولساڭ، بۇنىڭدىنمۇ كۆپرەكىنى بېرەر ئىدىم. 9سەن نېمىشقا مېنى كۆزگە ئىلماي، رەزىل ئىشلارنى قىلدىڭ؟ خىت خەلقىدىن بولغان ئۇرىيانىڭ جېنىنى ئۇرۇشتا ئاممونلارنىڭ قولى بىلەن ئالدىڭ. ئۇنىڭ ئايالىنى تارتىۋېلىپ، ئۆزۈڭگە خوتۇن قىلىۋالدىڭ! 10مېنى كۆزۈڭگە ئىلماي، ئۇرىيانىڭ ئايالىنى ئۆزۈڭگە خوتۇن قىلىۋالغانلىقىڭ ئۈچۈن، بۇنىڭدىن كېيىن قىلىچ ئەۋلادلىرىڭغا دائىم خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ.»

11پەرۋەردىگار يەنە شۇنداق دەيدۇكى: «قارا! مەن ئۆزۈڭنىڭ ئەۋلادلىرىڭدىن ئۆزۈڭگە يامانلىق كەلتۈرىمەن؛ كۆز ئالدىڭدىلا خوتۇنلىرىڭنى باشقا بىرسىگە بېرىۋېتىمەن. ئۇ كۈپكۈندۈزدە خوتۇنلىرىڭنىڭ قوينىغا كىرىدۇ. 12سەن ئۇ ئىشنى يوشۇرۇنچە قىلغان بولساڭ، مەن بۇنى بارلىق ئىسرائىل خەلقى ئالدىدا كۈپكۈندۈزدە قىلغۇزىمەن.»

13داۋۇت بۇ گەپنى ئاڭلاپ ناتانغا:

_ مەن پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھ قىلدىم، _ دېدى.

_ پەرۋەردىگار گۇناھىڭنى كەچۈردى. سەن ئۆلمەيسەن، _ دېدى ناتان، 14_ ئەمما سەن بۇ ئىشنى قىلىپ، پەرۋەردىگارنى مەنسىتمىگەنلىكىڭ ئۈچۈن، يېڭى تۇغۇلغان ئوغلۇڭ ئۆلۈپ كېتىدۇ.

15شۇنىڭ بىلەن ناتان ئۆز ئۆيىگە قايتىپ كەتتى. پەرۋەردىگار ئۇرىيانىڭ خوتۇنى داۋۇتقا تۇغۇپ بەرگەن بالىنى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار قىلدى. 16داۋۇت ئوغلى ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا يالۋۇردى. ئۇ روزا تۇتتى، كېچىلىرى ئۆيىگە كىرىپ، يەردىلا ياتتى. 17ئوردا ئاقساقاللىرى ئۇنىڭ يېنىغا كىرىپ، ئۇنى يەردىن تۇرغۇزماقچى بولسىمۇ، داۋۇت ئورنىدىن تۇرمىدى. ئۇلار بىلەن بىللە غىزا يېگىلىمۇ ئۇنىمىدى.

18يەتتىنچى كۈنى بالا قازا قىلدى. داۋۇتنىڭ ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭغا بالىسىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئېيتىشقا پېتىنالمىدى. ئۇلار: «بىز بالا ھايات چېغىدا ئۇنىڭغا شۇنچە نەسىھەت قىلىپمۇ ئۇنى گەپكە كىرگۈزەلمىگەن تۇرساق، ئەمدى ئۇنىڭغا بالىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى قانداقمۇ ئېيتالايمىز؟ ئۇ ئۆزىگە بىرەر يامان ئىش قىلىپ قويارمىكىن» دەپ ئەنسىرەشتى.

19داۋۇت ئەمەلدارلىرىنىڭ بىر-بىرىگە پىچىرلىشىپ يۈرگەنلىكىدىن بالىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ئەمەلدارلىرىدىن:

_ بالا قازا قىلدىمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

ئۇلار:

_ ھەئە! _ دەپ جاۋاب بېرىشتى.

20شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت ئورنىدىن تۇرۇپ، يۇيۇنۇپ، خۇش پۇراق ئەتىرلەرنى چېچىپ، كىيىملىرىنى يەڭگۈشلەپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتگاھىغا كىرىپ ئىبادەت قىلدى. ئاندىن ئۇ ئۆز ئوردىسىغا قايتىپ كېلىپ، غىزا كەلتۈرگۈزۈپ يېدى.

21شۇ چاغدا ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭدىن:

_ بالا ھايات چېغىدا روزا تۇتۇپ، يىغلىدىلا. بالا ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن بولسا ئەكسىچە غىزا يېدىلا، بۇ قانداق قىلغانلىرى؟ _ دەپ سورىدى.

22داۋۇت ئۇلارغا:

_ بالا ھايات چېغىدا روزا تۇتۇپ يىغلىشىم؛ پەرۋەردىگار ماڭا شەپقەت قىلىپ، بالىنى ھايات قالدۇرارمىكىن، دېگەن ئويدا بولغانلىقىمدىن ئىدى. 23ئەمدى ئۇ ئۆلۈپ كەتتى، يەنە نېمىشقا روزا تۇتىدىكەنمەن؟ ئۇنى تىرىلدۈرۈۋالالايتتىممۇ؟ مەن ھامان بىر كۈنى ئۇنىڭ يېنىغا بارىمەن، لېكىن ئۇ مېنىڭ يېنىمغا قايتىپ كېلەلمەيدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى.

سۇلايماننىڭ دۇنياغا كېلىشى

24ئاندىن كېيىن داۋۇت ئايالى باتشەباغا تەسەللى بەردى ۋە ئۇنىڭ يېنىغا كىرىپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياتتى. باتشەبا ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. بالىغا «سۇلايمان» دەپ ئات قويۇلدى. پەرۋەردىگار بالىنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن، 25ناتان پەيغەمبەرنى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا يىدىدىيا [مەنىسى «پەرۋەردىگار ياخشى كۆرۈپ سۆيدى»] دەپ ئات قويدى.

يوئابنىڭ رابباھ شەھىرىنى ھۇجۇم قىلىپ ئېلىشى

26شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يوئاب ئاممونلارنىڭ پايتەختى رابباھقا بولغان ھۇجۇمىنى داۋام قىلىۋەردى. نەتىجىدە شەھەرنىڭ پادىشاھ ئوردىسى جايلاشقان قەلئەسىنى بېسىۋالدى.

27كېيىن ئۇ داۋۇتقا چاپارمەنلەرنى ئەۋەتىپ:

_ مەن رابباھ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، شەھەرنىڭ ئاساسلىق سۇ مەنبەسىنى ئالدىم. 28ئەمدى قالغان ئادەملەرنى ئۆزىڭىز باشلاپ كېلىپ، شەھەرنى قورشاپ بېسىۋېلىڭ. شەھەرنى مەن ئالغان بولۇپ قالماي، بولمىسا خەلق «شەھەرنى يوئاب ئالغان» دەپ يۈرۈشىدۇ، _ دېدى.

29شۇنىڭدىن كېيىن، داۋۇت قالغان قوشۇننى يىغىپ رابباھقا يۈرۈش قىلىپ، شەھەرنى ھۇجۇم بىلەن ئالدى. 30داۋۇت ئاممونلارنىڭ پادىشاھىنىڭ بېشىدىكى ئالتۇن تاجنى ئالدى. ئېغىرلىقى 35 كىلو كېلىدىغان، ئۈستى ياقۇت بىلەن بېزەلگەن بۇ ئالتۇن تاج داۋۇتنىڭ بېشىغا كىيدۈرۈلدى. داۋۇت شەھەردىن نۇرغۇن ئولجىلارنى ئالدى. 31ئۇ يەنە شەھەر ئاھالىسىنى ھەرە، كەتمەن، پالتا بىلەن قىلىنىدىغان ئىشلارغا ۋە خۇمداندا خىش پىشۇرۇشقا سالدى. داۋۇت ئاممونلارنىڭ باشقا شەھەر ئاھالىلىرىگىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلدى. ئاندىن داۋۇت پۈتۈن قوشۇنىنى باشلاپ، يېرۇسالېمغا قايتىپ كەتتى.


13

ئامنون ۋە تامار

1بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن مۇنداق بىر ئىش يۈز بەردى:

داۋۇتنىڭ تامار ئىسىملىك ناھايىتى چىرايلىق بىر قىزى بولۇپ، ئۇ ئابسالومنىڭ سىڭلىسى ئىدى. تامار داۋۇتنىڭ باشقا بىر ئوغلى ئامنوننىڭ ئاتا بىر ئانا باشقا سىڭلىسى ئىدى. ئامنون تامارغا كۆيۈپ قالدى ھەمدە 2كۆيۈك دەردىدە ئاغرىپ قالدى. تامار تېخى قىز بولغاچقا، ئامنوننىڭ ئۇنىڭغا چېقىلىشقا كۆزى يەتمىدى. 3ئامنوننىڭ يوناداب ئىسىملىك بىر ئاغىنىسى بار بولۇپ، ئۇ داۋۇتنىڭ ئاكىسى شامماھنىڭ ئوغلى ئىدى. يوناداب ئىنتايىن قۇۋ ئادەم ئىدى.

4ئۇ ئامنوندىن:

_ شاھزادە، نېمىشقا كۈندىن-كۈنگە چۈشكۈنلىشىپ كېتىسىز؟ ماڭا ئېيتىپ بېرەمسىز، _ دەپ سورىدى.

_ مەن ئۆگەي ئىنىم ئابسالومنىڭ سىڭلىسى تامارغا كۆيۈپ قالدىم، _ دېدى ئۇ.

5_ ئۇنداق بولسا سىز كارىۋاتقا چىقىپ يالغاندىن كېسەل بولۇپ يېتىۋېلىڭ، ئاتىڭىز يوقلاپ كەلگەندە، ئۇنىڭغا: «سىڭلىم تامار كېلىپ ماڭا يېگىلى بىر نەرسە بەرسۇن، كۆز ئالدىمدا تاماق ئەتسۇن، ئەتكەن تامىقىنى قولىدىن ئېلىپ يەي» دەڭ، _ دېدى يوناداب.

6شۇنداق قىلىپ ئامنون يالغاندىن كېسەل بولۇپ يېتىۋالدى. پادىشاھ يوقلاپ كەلگەندە، ئامنون:

_ سىڭلىم تامارنى چاقىرتىپ، كۆز ئالدىمدا ماڭا نان پىشۇرغۇزۇپ بەرگەن بولسىڭىز، ئۇنىڭ ئۆز قولىدىن ئېلىپ يېگەن بولسام، _ دېدى.

7داۋۇت ئوردىغا چاپارمەن ئەۋەتىپ تامارغا: «ئاكىڭىز ئامنوننىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنىڭغا غىزا ئېتىپ بېرىڭ» دېدى.

8شۇنىڭ بىلەن تامار ئاكىسى ئامنوننىڭ ئۆيىگە باردى. ئۇ چاغدا ئامنون ئورۇن تۇتۇپ ياتقانىدى. تامار ئازراق ئۇندا خېمىر يۇغۇرۇپ، ئامنوننىڭ كۆز ئالدىدا تاۋىدا نان پىشۇرۇپ بەردى. 9ئۇ تاۋىنى ئېلىپ كېلىپ، ناننى ئامنوننىڭ ئالدىغا قويغانىدى، ئامنون ناننى يېگىلى ئۇنىماي: «ھەممىڭلار بۇ يەردىن چىقىپ كېتىڭلار!» دېدى.

ھەممەيلەن ئۇنىڭ يېنىدىن چىقىپ كېتىشتى.

10ئاندىن ئامنون تامارغا:

_ ناننى ھۇجرامغا ئەكىر، ئۆز قولۇڭدىن ئېلىپ يەي، _ دېدى.

تامار پىشۇرغان نانلارنى ئېلىپ، ئاكىسى ئامنوننىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ، ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. 11تامار ناننى ئۇنىڭغا سۇنغاندا، ئامنون ئۇنى ئۆزىگە تارتىپ:

_ سىڭلىم، كەل، مەن بىلەن ياتقىن! _ دېدى.

12_ ياق، ئاكا، مېنى زورلىماڭ! ئىسرائىللار ئىچىدە بۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ. بۇنداق سەت ئىشنى قىلماڭ. 13بۇ رەسۋاچىلىقنى مەن قانداق كۆتۈرۈپ يۈرەي؟ سىزمۇ ئىسرائىللار ئىچىدە ئۇياتقا قالغان بىر ئەخمەققە ئايلىنىپ قالىسىز. ئۆتۈنەي، پادىشاھقا ئېيتسىڭىز، ئۇ مېنىڭ سىزگە ياتلىق بولۇشۇمغا قارشى چىقمايدۇ، _ دېدى.

14لېكىن ئامنون ئۇنىڭ گېپىگە قۇلاق سالمىدى. ئۇ تاماردىن كۈچلۈك بولغاچقا، ئۇنىڭغا زورلۇق قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياتتى. 15شۇنىڭدىن كېيىن، ئامنون تامارغا بەك ئۆچ بولۇپ كەتتى. ئۆچلۈكى ئۇنىڭ ئىلگىرى تامارغا بولغان مۇھەببىتىدىنمۇ كۈچلۈك بولدى. ئامنون تامارغا:

_ قوپ، بۇ يەردىن يوقال! _ دېدى.

16_ ياق! مېنى قوغلىغان بۇ گۇناھىڭىز ھېلى مېنى ئاياغ ئاستى قىلغان گۇناھىڭىزدىنمۇ ئېغىردۇر، _ دېدى تامار.

لېكىن ئامنون ئۇنىڭ گېپىگە قۇلاق سالماي، 17ئەكسىچە شەخسىي خىزمەتكارىنى چاقىرىپ:

_ بۇ خوتۇننى ھەيدەپ چىقىرىپ، ئىشىكنى قۇلۇپلاپ قوي! _ دېدى.

18ئامنوننىڭ خىزمەتكارى تامارنى ھەيدەپ چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، ئىشىكنى قۇلۇپلاپ قويدى. بۇ چاغدا تامار ئۇزۇن يەڭلىك لىباس كىيىۋالغان بولۇپ، پادىشاھنىڭ ياتلىق بولمىغان قىزلىرى شۇنداق كىيىنىشەتتى. 19تامار بېشىغا كۈل چېچىپ، ئۈستىدىكى ئۇزۇن يەڭلىك لىباسىنى يىرتىۋەتتى. ئىككى قولى بىلەن يۈزىنى يېپىۋېلىپ، ھۆڭرەپ يىغلاپ ماڭدى.

20ئاكىسى ئابسالوم ئۇنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن:

_ ئاكاڭ ئامنون سەن بىلەن بىللە ياتتىمۇ؟ ھەي سىڭلىم، ئەمدى سەن بۇ ئىشنى ئاغزىڭدىن چىقارما. ئۇ دېگەن سېنىڭ ئاكاڭ، بۇ ئىشنى كۆڭلۈڭگە ئالما، _ دېدى.

شۇنىڭدىن كېيىن تامار تەنھا ۋە غەمكىن ھالدا ئاكىسى ئابسالومنىڭ ئۆيىدە ياشىدى.

21بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى داۋۇت پادىشاھ ئاڭلاپ، ناھايىتى خاپا بولۇپ كەتتى. 22ئۆز سىڭلىسى تامارنىڭ نومۇسىغا تەگكەنلىكى ئۈچۈن، ئابسالوم ئامنونغا ئۆچ بولۇپ كەتتى، ئۇ ئامنونغا يا ياخشى، يا يامان سۆز قىلمىدى.

ئابسالومنىڭ ئامنوننى ئۆلتۈرۈشى

23ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئابسالوم پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسىنى بائال-خازورغا زىياپەتكە تەكلىپ قىلدى. بائال-خازور ئەفرايىم زېمىنىنىڭ يېنىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇ يەردە ئابسالوم قويلىرىنى قىرقىتىۋاتاتتى.

24ئابسالوم شاھ ئاتىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ:

_ قويلارنى قىرقىتىۋاتىمەن. ئەي ئالىيلىرى، مەرھەمەت قىلىپ ئەمەلدارلىرىڭىزنى ئېلىپ مەن بىلەن بىرگە تەبرىكلەش زىياپىتىگە قاتناشقايسىز، _ دېدى.

25_ ياق، ئوغلۇم! ئەگەر ھەممىمىز بارساق، ساڭا ئېغىرىمىز چۈشۈپ قالىدۇ، _ دېدى پادىشاھ.

ئابسالوم پادىشاھقا قاتتىق يالۋۇردى. پادىشاھ يەنىلا بېرىشقا ئۇنىماي، پەقەت ئۇنىڭغا بەخت تىلەپ دۇئا قىلدى.

26_ ئەگەر ئۆزىڭىز بارالمايدىغان بولسىڭىز، ئاكام ئامنوننىڭ بىز بىلەن بېرىشىغا رۇخسەت قىلغايسىز، _ دەپ ئۆتۈندى ئابسالوم.

پادىشاھ ئۇنىڭدىن:

_ نېمىشقا ئۇ سەن بىلەن بىللە بېرىشى كېرەك؟ _ دەپ سورىدى،

27ئابسالوم يالۋۇرۇۋەرگەندىن كېيىن، پادىشاھ ئاخىرى ئامنوننىڭ ۋە بارلىق ئوغۇللىرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بېرىشىغا ماقۇل بولدى.

28ئابسالوم ئۆزىنىڭ خىزمەتكارلىرىغا:

_ دىققەتتە بولۇڭلار، ئامنون ھاراق ئىچىپ، سەل كەيپ بولغاندا، مەن: «ئامنوننى ئۆلتۈرۈڭلار!» دەپ بۇيرۇق قىلىمەن. شۇ چاغدا ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار! قورقماڭلار، بۇنى سىلەرگە مەن بۇيرۇدۇم. دادىل ۋە جەسۇر بولۇڭلار، _ دېدى.

29ئابسالومنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭ بۇيرۇقىنى بەجا كەلتۈرۈپ، ئامنوننى ئۆلتۈرۈۋەتتى. پادىشاھنىڭ قالغان ئوغۇللىرى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، قېچىرلىرىنى مىنىپ قېچىشتى.

30ئۇلار يولدا كېتىۋاتقاندىلا، داۋۇت پادىشاھقا: «ئابسالوم پادىشاھنىڭ بالىلىرىنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي، ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ» دېگەن خەۋەر يەتتى.

31پادىشاھ بۇنى ئاڭلاپ، ئورنىدىن تۇرۇپ، قاتتىق قايغۇرغان ھالدا كىيىملىرىنى يىرتىپ، ئۆزىنى يەرگە تاشلاپ يېتىۋالدى. ئۇنىڭ ئەتراپىدا تۇرغان ھەممە خىزمەتكارلىرىمۇ كىيىملىرىنى يىرتىشتى.

32لېكىن داۋۇت پادىشاھنىڭ ئاكىسى شامماھنىڭ ئوغلى يوناداب ئۇنىڭغا:

_ پادىشاھ ئالىيلىرى، «ھەممە ئوغۇللىرىمدىن ئايرىلىپتىمەن» دەپ ئويلىمىسىلا، پەقەت ئامنون ئۆلۈپتۇ، خالاس. ئۇ ئۆگەي سىڭلىسى تامارنىڭ نومۇسىغا تەگكەن كۈندىن باشلاپ، ئابسالوم ئۇنى ئۆلتۈرۈش قەستىدە بولۇپ كەلگەن. 33ئەمدى پادىشاھ ئالىيلىرى «ھەممە ئوغۇللىرى ئۆلتۈرۈلۈپتۇ» دېگەن خەۋەرگە ئىشەنمىسىلە. ئەمەلىيەتتە ئۆلتۈرۈلگىنى بىرلا ئامنون. 34ئابسالوم بولسا قېچىپ كەتتى، _ دېدى.

شۇ چاغدا سېپىلنىڭ ئۈستىدىكى كۆزەتچى ئەتراپقا قارىغانىدى، تاغ تەرەپتىكى يولدا، بەيت-خورون شەھىرىدىن كېلىۋاتقان نۇرغۇن ئادەملەرنى كۆردى.

35_ ئەنە، ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسى كېلىۋېتىپتۇ. خۇددى پېقىر ئېيتقاندەك بولدى، _ دېدى يوناداب پادىشاھقا.

36ئۇنىڭ گېپى تۈگەر-تۈگىمەيلا، پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرى يېتىپ كېلىپ، ھۆڭرەپ يىغلاپ كېتىشتى. پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئەمەلدارلىرىمۇ قاتتىق يىغلاپ كېتىشتى.

37-38ئابسالوم قېچىپ، گىشۇرنىڭ پادىشاھى تالماينىڭ يېنىغا باردى ۋە ئۇ يەردە ئۈچ يىل تۇرۇپ قالدى. تالماي ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئىدى. داۋۇت پادىشاھ ئوغلى ئامنون ئۈچۈن ئۇزۇن ۋاقىت ماتەم تۇتتى. 39داۋۇت ئامنوننىڭ ئۆلۈمىدىن تەسەللى تاپقاندىن كېيىن، ئابسالومنى سېغىنىشقا باشلىدى.


14

يوئابنىڭ ئابسالومنىڭ يېرۇسالېمغا قايتىپ كېلىشى ئۈچۈن پەم ئىشلىتىشى

1مەزلۇم زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئاب داۋۇت پادىشاھنىڭ ئابسالومنى سېغىنغانلىقىنى بىلىپ،

2تىقوۋا شەھىرىگە ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇ يەردىن بىر دانىشمەن ئايالنى چاقىرتىپ كەلدى. يوئاب ئۇ ئايالغا:

_ سەن ماتەم تۇتۇۋاتقان قىياپەتكە كىرىپ، ھازىدارلىق كىيىملىرىڭنى كىيگىن. پەرداز قىلما، ئۆزۈڭنى بىر مەرھۇمغا ئۇزاقتىن بېرى ماتەم تۇتۇۋاتقان ئايالدەك كۆرسىتىپ، 3مەن ساڭا نېمە دېسەم، پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا شۇنى دە، _ دېدى.

كېيىن يوئاب ئۇ ئايالغا نېمىلەرنى ئېيتىشنى ئۆگەتتى.

4تىقوۋالىق ئايال، پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ، يەرگە باش قويۇپ تەزىم قىلىپ، مۇنداق دېدى:

_ ئى پادىشاھ ئالىيلىرى، ماڭا بىر ياردەم قىلغايلا!

5_ نېمە ئىشىڭ بار؟ _ دەپ سورىدى پادىشاھ.

_ مەن بىر تۇل ئايالمەن، _ دېدى ئۇ، _ ئېرىم ئۆلۈپ كەتكەن. 6دېدەكلىرىنىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىدى. بىر كۈنى ئۇ ئىككىسى ئېتىزلىقتا ئۇرۇشۇپ قاپتۇ. ئۇ يەردە ئىككىسىنى ئاجرىتىپ قويىدىغان ئادەم يوق، بىرى يەنە بىرىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپتۇ. 7ئەمدى پۈتۈن جەمەتىم دېدەكلىرىگە قارشى چىقىپ، ماڭا: «ئاكىسىنى ئۆلتۈرگەن قاتىلنى بىزگە تاپشۇرۇپ بەر. ئاكىسىنى ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن، گەرچە مىراسخورۇڭ قالمىسىمۇ، ئۇنى ئۆلتۈرىمىز» دېيىشىۋاتىدۇ. ئەگەر شۇنداق بولسا، ئۇلار مېنىڭ ئۈمىد چىرىغىمنى ئۆچۈرۈۋېتىدۇ. بۇ دۇنيادا ئېرىمنىڭ نامىنى داۋاملاشتۇرىدىغان بىرەرسى قالمايدۇ.

8_ سەن ئۆيۈڭگە قايت! مەن سېنىڭ مەنپەئەتىڭگە پايدىلىق پەرمان چۈشۈرىمەن، _ دېدى پادىشاھ ھېلىقى ئايالغا.

9تىقوۋالىق ئايال پادىشاھقا يەنە:

_ ئى جانابىي ئالىيلىرى، بۇ ئىشلارغا مەن ۋە ئاتامنىڭ جەمەتى ئەيىبلىكتۇرمىز. پادىشاھ ۋە پادىشاھنىڭ تەختى ئەيىبسىز بولغاي، _ دېدى.

10_ بۇ ئىش توغرۇلۇق كىم ساڭا بىر نېمە دېسە، ئۇنى مېنىڭ يېنىمغا باشلاپ كەل. ئۇ ئادەم سېنى يەنە خاپا قىلمايدىغان بولىدۇ، _ دېدى پادىشاھ.

11_ ئەي پادىشاھ ئالىيلىرى، پەرۋەردىگار خۇدالىرىنىڭ ئالدىدا قەسەم قىلغايلا، ئوغلۇمنىڭ ئاتا جەمەتىدىكى قانغا قان ئالىمەن دېگۈچىلەر، قالغان بىر ئوغلۇمنىمۇ ئۆلتۈرۈپ، تېخىمۇ چوڭ جىنايەت ئۆتكۈزمىگەي، _ دېدى ئايال.

_ مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، _ دېدى پادىشاھ، _ ئوغلۇڭنىڭ بىر تال مويىغىمۇ زەرەر يەتمەيدۇ.

12_ دېدەكلىرىنىڭ پادىشاھ ئالىيلىرىغا يەنە بىر ئېغىز گەپ قىلىشىغا رۇخسەت قىلغايلا، _ دېدى ئايال.

_ قېنى، دېگىن، _ دېدى پادىشاھ.

13_ ئۇنداقتا ئۆزلىرى نېمىشقا دەل بۇنداق ناھەقچىلىكنى خۇدانىڭ خەلقىگە راۋا كۆرىدىلا؟ _ دېدى ئايال، _ ئى پادىشاھ ئالىيلىرى، سىلى بۇنداق دەپ تۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ قېچىپ كەتكەن ئوغۇللىرىنىڭ قايتىپ كېلىشىگە يول قويمىسىلا، ئۆزلىرىنىڭ خاتا ئىش قىلغانلىقلىرىنى ئىسپاتلىمامدىلا؟ 14بىز ھەممىمىز ھامان ئۆلۈپ تۈگەيمىز. خۇددى سۇ تۇپراققا سېپىلسە قايتۇرۇۋالغىلى بولمىغاندەك، بىزمۇ قايتىپ كەلمەيمىز. لېكىن خۇدا بىزنى ھاياتلىقتىن مەھرۇم قىلمايدۇ، ئەكسىچە ئازغانلارنى ئۆزىنىڭ يېنىغا ئېلىپ كېلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەيدۇ. 15پۈتۈن جەمەتىم مېنى قورقۇتۇۋەتكەنلىكى ئۈچۈن مەن: «بۈگۈن پادىشاھ ئالىيلىرىغا بۇ ئىشلار توغرۇلۇق ئىلتىجا قىلسام، پادىشاھىم دېدىكىنىڭ بۇ تەلىپىنى ئىجابەت قىلار، 16ئوغلۇم بىلەن مېنى ئۆلتۈرۈپ، بىزنى خۇدا ئۆز خەلقىگە بەرگەن زېمىندىن ئايرىۋەتمەكچى بولغانلاردىن قۇتقۇزار» دەپ ئويلىدىم. 17مەن يەنە: «پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ گېپى مېنى ئەمىن تاپقۇزىدۇ. چۈنكى پادىشاھىم خۇدانىڭ پەرىشتىسىگە ئوخشاش ھەق-ناھەقنى ئايرىيالايدۇ» دەپ ئويلىدىم. ئۆزلىرىنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدالىرى سىلىگە يار بولغاي!

18_ مەن سەندىن بىر گەپ سوراي، _ دېدى پادىشاھ ھېلىقى ئايالغا، _ سەن مەندىن يوشۇرما.

_ جانابىي ئالىيلىرى، قېنى، سورىسىلا، _ دېدى ئايال.

19_ سېنىڭ يېنىمغا كېلىپ بۇ سۆزلەرنى قىلىشىڭ يوئابنىڭ كۆرسەتمىسىمۇ؟ _ دەپ سورىدى پادىشاھ. ئايال جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

_ مەن پادىشاھ ئالىيلىرى ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، ئۆزلىرىنىڭ ئويلىغانلىرى توغرا. ماڭا نېمە دېيىشنى ۋە نېمە قىلىشنى ئۆگەتكەن دەل ئۆزلىرىنىڭ خىزمەتكارلىرى يوئابتۇر. 20ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى مەسىلىنىڭ يەنە بىر تەرىپىنى سىلىگە كۆرسىتىپ بېرىشتۇر. دانالىقتا ئۆزلىرى خۇدانىڭ پەرىشتىسىگە ئوخشايدىلا، يەر يۈزىدە بولۇۋاتقان ھەممە ئىشلارنى بىلىلا.

21پادىشاھ يوئابنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭغا:

_ مەن ئارزۇيۇڭنى ئىجابەت قىلىشنى قارار قىلدىم. سەن بېرىپ، ياش يىگىت ئابسالومنى قايتۇرۇپ كەل، _ دېدى.

22يوئاب يەرگە باش قويۇپ تەزىم قىلىپ، پادىشاھقا بەخت تىلىدى ۋە:

_ بۈگۈن پېقىر پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ ئالدىدا ئىلتىپات تاپتىم، چۈنكى پادىشاھىم ئارزۇيۇمنى ئىجابەت قىلدى، _ دېدى.

23شۇنىڭدىن كېيىن يوئاب گىشۇرغا بېرىپ، ئابسالومنى يېرۇسالېمغا قايتۇرۇپ كەلدى.

24لېكىن پادىشاھ:

_ ئابسالوم ئۆيىگە بارسۇن، مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا كەلمىسۇن، _ دېدى. شۇڭا ئابسالوم پادىشاھ بىلەن كۆرۈشمەي، ئۆز ئۆيىگە كەتتى.

داۋۇتنىڭ ئابسالوم بىلەن كۆرۈشۈشى

25پۈتۈن ئىسرائىللار ئارىسىدا ئابسالومدەك قەددى-قامىتى كېلىشكەنلىكىدىن داڭقى چىققان ئادەم يوق ئىدى. ئۇنىڭ بېشىدىن تاپىنىغىچە بىرەر ئەيىب تاپقىلى بولمايتتى. 26بېشىدىكى چېچى ئۇنىڭغا ئېغىر كەلگەچكە، ئۇ ھەر يىلى بىر قېتىم چېچىنى ئالدۇراتتى. ئالدۇرغان چېچىنى ئۆلچىسە، ئىككى كىلودىن ئارتۇق كېلەتتى. 27ئابسالومنىڭ ئۈچ ئوغلى ۋە تامار ئىسىملىك گۈزەل بىر قىزى بار ئىدى.

28ئابسالوم يېرۇسالېمدا ئىككى يىل تۇرغان بولسىمۇ، پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرمىدى. 29شۇنىڭ بىلەن ئابسالوم يوئابنى پادىشاھ ھۇزۇرىغا ئەۋەتمەكچى بولۇپ، ئۇنى چاقىرتتى، لېكىن يوئاب كەلگىلى ئۇنىمىدى. ئابسالوم ئىككىنچى قېتىم يەنە ئادەم ئەۋەتكەن بولسىمۇ، يوئاب يەنىلا كەلگىلى ئۇنىمىدى.

30شۇ سەۋەبتىن ئابسالوم خىزمەتكارلىرىغا:

_ مانا، يوئابنىڭ ئارپا تېرىغان ئېتىزى مېنىڭ ئېتىزىم بىلەن يانداش تۇرۇپتۇ. سىلەر بېرىپ، يوئابنىڭ ئېتىزىغا ئوت قويۇۋېتىڭلار! _ دەپ بۇيرۇدى.

ئابسالومنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭ ئېتىزىغا ئوت قويۇۋەتتى.

31شۇنىڭ بىلەن يوئاب ئابسالومنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئۇنىڭدىن:

_ خىزمەتكارلىرىڭىز نېمە ئۈچۈن مېنىڭ ئېتىزىمغا ئوت قويىدۇ؟ _ دەپ سورىدى.

32ئابسالوم يوئابقا جاۋاب بېرىپ:

_ سېنى چاقىرتىشىمدىكى مەقسەت، يېنىمغا كەلسەڭ، سېنى پادىشاھ ھۇزۇرىغا ئەۋەتىپ پادىشاھقا: «مېنى نېمىشقا گىشۇردىن قايتۇرۇپ كەلدىڭىز؟ شۇ يەردە تۇرۇۋەرگىنىم ياخشى بولاتتى» دېگەن سۆزلەرنى يەتكۈزۈش ئىدى. ئەمدى مەن پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرەي. ئەگەر مەن ئەيىبلىك بولسام، مېنى ئۆلتۈرۈۋەتسۇن، _ دېدى. 33يوئاب پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپ، بۇ خەۋەرنى يەتكۈزدى. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئابسالومنى چاقىرتتى. ئابسالوم پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ، ئۇنىڭ ئالدىدا باش قويۇپ تەزىم قىلدى. پادىشاھ ئابسالومنى قۇچاقلاپ سۆيدى.


15

ئابسالومنىڭ توپىلاڭ پىلانلىشى

1شۇنىڭدىن كېيىن، ئابسالوم ئۆزىگە بىر جەڭ ھارۋىسى بىلەن ئاتلارنى شۇنداقلا 50 چاپارمەننى ھازىرلىدى. 2ئۇ دائىم سەھەر تۇرۇپ شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدىكى يول بويىدا تۇراتتى. بىرەرسى دەۋا ئىشى توغرۇلۇق پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈشكە ئۇ يەرگە كەلسە، ئابسالوم ئۇنى چاقىرىپ «قەيەرلىكسىز؟» دەپ سورايتتى. ناتونۇش كىشى جاۋابەن: «پېقىر ئىسرائىلىيەنىڭ پالانى قەبىلىسىدىن» دېسە، 3ئابسالوم: «قاراڭ، دەۋايىڭىز يوللۇق ھەم ھەق ئىكەن، بىراق پادىشاھنىڭ يېنىدا بۇنى ئاڭلايدىغان ئادەم يوق» دەيتتى. 4ئابسالوم يەنە «ئەگەر مەن بۇ يەردە سەردار بولغان بولسام، ئەرز قىلىپ كەلگەنلەر مېنى ئىزدەيتتى. مەن ئۇلارنىڭ ئىشى ھەققىدە ئادىللىق بىلەن قارار چىقىراتتىم» دەيتتى. 5بىرەرسى كېلىپ ئابسالومغا تەزىم قىلماقچى بولسا، ئۇ قولىنى ئۇزىتىپ ئۇنى قۇچاقلاپ سۆيۈپ كېتەتتى. 6ئابسالوم پادىشاھقا ئەرز قىلغىلى كەلگەن بارلىق ئىسرائىللارغا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئۆزىگە رام قىلىۋالدى.

7تۆت يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئابسالوم داۋۇت پادىشاھقا:

_ مېنىڭ پەرۋەردىگارغا قىلغان ۋەدەمنى ئادا قىلىشىم ئۈچۈن ھىبرونغا بېرىشىمغا ئىجازەت بەرگەيلا! 8مەن سۈرىيەنىڭ گىشۇر دېگەن يېرىدە تۇرۇۋاتقىنىمدا پەرۋەردىگارغا: «ئەگەر مېنى يېرۇسالېمغا قايتۇرساڭ، ھىبروندا ساڭا ئىبادەت قىلىمەن» دەپ، ۋەدە بەرگەنىدىم، _ دېدى.

9پادىشاھ:

_ ئامان-ئېسەن بار، _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن ئابسالوم ھىبرونغا باردى. 10بىراق ئابسالوم ئىسرائىلىيەنىڭ بارلىق قەبىلىلىرىگە ئادەملىرى ئەۋەتىپ: «سىلەر بۇرغا ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان ‹ئابسالوم ھىبروندا پادىشاھ بولۇپتۇ› دەڭلار» دېدى. 11ئابسالومنىڭ يېنىدا ئۇنىڭ تەكلىپى بويىچە يېرۇسالېمدىن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەن 200 ئادەم بار ئىدى. ئۇلار ئابسالومنىڭ يامان نىيىتىدىن خەۋەرسىز ئادەملەر ئىدى. 12ئابسالوم قۇربانلىق سۇنۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، داۋۇتنىڭ مەسلىھەتچىسى گىلوھلۇق ئاخىتوفەلگە ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى گىلوھدىن ئېلىپ كەلدى. ئابسالومغا ئەگەشكەنلەرنىڭ سانى زور مىقداردا كۆپىيىشى بىلەن، داۋۇت پادىشاھقا بولغان سۇيىقەستمۇ بارغانسېرى كۈچەيدى.

داۋۇتنىڭ يېرۇسالېمدىن قېچىشى

13بىر خەۋەرچى داۋۇتنىڭ يېنىغا كېلىپ: «ئىسرائىللارنىڭ قەلبى ئابسالومغا ئېغىپ كەتتى» دېدى. 14ئاندىن داۋۇت يېرۇسالېمدا ئۆزى بىلەن بىرگە بولغان ھەممە ئەمەلدارلىرىغا:

_ ئەمىسە، بىز قاچايلى، بولمىسا ئابسالومدىن قېچىپ قۇتۇلالمايمىز. تېز بولۇڭلار، بولمىسا ئۇ بىزگە يېتىشىۋېلىپ، بىزنى ھالاكەتكە تىقىپ، شەھەر ئاھالىسىنىڭ ھەممىسىنى قىلىچ بىلەن قىرىۋېتىدۇ، _ دېدى.

15پادىشاھنىڭ ئەمەلدارلىرى پادىشاھقا:

_ خوپ، پادىشاھى ئالەم، قانداق قارار قىلسىلىرى باش ئۈستىگە، _ دېدى.

16شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ پۈتۈن ئوردا ئەھلىنى ئەگەشتۈرۈپ يولغا چىقتى. ئوردىنى ساقلىسۇن دەپ، ئون توقىلىنى ئوردىغا قويدى. 17پادىشاھ يولغا چىققاندا، ئۇنىڭ بارلىق ئادەملىرى ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. ئۇلار شەھەرنىڭ ئەڭ چېتىدىكى بىر ئۆيگە كېلىپ توختىدى. 18پادىشاھنىڭ ياساۋۇللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئادەملىرى ۋە گاتتىن پادىشاھقا ئەگىشىپ كەلگەن 600 نەپەر گاتلىقلار پادىشاھنىڭ يېنىدىن ئۆتتى. 19پادىشاھ گاتلىق ئىتتايغا:

_ نېمىشقا بىز بىلەن كېلىسەن؟ قايتىپ كەت! سەن باشقا ئەلدىن سۈرگۈن قىلىنغان بىر مۇساپىرسەن. كىم پادىشاھىڭ بولسا، شۇنىڭ يېنىدا تۇر. 20سەن تۈنۈگۈنلا كەلدىڭ. مەن نەگە بېرىشىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن. بۇ كۈنلەردە سېنى سەرگەردان قىلىپ يۈرەيمۇ؟ ئۆزۈڭ بىلەن بىللە كەلگەنلەرنى ئېلىپ قايتقىن. خۇدا ساڭا مېھىر-مۇھەببەت ۋە ساداقەتمەنلىك كۆرسەتكەي! _ دېدى.

21بىراق ئىتتاي پادىشاھقا:

_ ئى پادىشاھى ئالەم، مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار، شۇنداقلا سىلىنىڭ ئالدىلىرىدا قەسەم قىلىمەنكى، ھاياتلىق ياكى ماماتلىق بولسۇن، سىلى نەدە بولسىلا، پېقىر شۇ يەردە بولىمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى.

22داۋۇت ئىتتايغا:

_ بوپتۇ، بىز بىلەن يۈرۈۋەر، _ دېدى.

شۇنداق قىلىپ، گاتلىق ئىتتاي بارلىق ئادەملىرىنى بالا-چاقىلىرى بىلەن ئېلىپ، ئالدىغا قاراپ مېڭىپ كەتتى. 23داۋۇتنىڭ ئادەملىرى يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، پۈتۈن يۇرت ئەھلى ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى. پادىشاھ داۋۇت قىدرون جىلغىسىدىن كېسىپ ئۆتۈپ، بارلىق ئادەملىرىنى باشلاپ، دەشت-باياۋانغا قاراپ يول ئالدى.

24روھانىي زادوق ۋە روھانىي ئەبىياتار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈۋالغان لاۋىيلار بىلەن بىللە شۇ يەردە ئىدى. ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى يەرگە قويۇپ، داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى شەھەردىن چىقىپ بولغۇچە ساقلاپ تۇرۇشتى.

25_ خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى يېرۇسالېمغا قايتۇرۇپ كېتىڭلار! _ دېدى پادىشاھ زادوققا، _ ئەگەر پەرۋەردىگار مەندىن رازى بولسا، مېنى قايتۇرۇپ كېلىپ، ئەھدە ساندۇقى تۇرغان ئۆينى ۋە ئەھدە ساندۇقىنى ماڭا يەنە كۆرسەتسۇن. 26ئەگەر پەرۋەردىگار: «سەندىن رازى ئەمەسمەن» دېسە، مەيلى، مېنى قانداق قىلسا شۇنداق قىلسۇن.

27پادىشاھ يەنە روھانىي زادوققا:

_ سەن ئەھۋالنى چۈشىنىسەن. ئوغلۇڭ ئاخىمائاس ۋە روھانىي ئەبىياتار ھەمدە ئۇنىڭ ئوغلى يوناتان بىلەن بىللە شەھەرگە تىنچ قايتىپ كېتىڭلار. 28مەن سىلەردىن تاكى خەۋەر كەلگۈچە دالادىكى دەريا كېچىكىدە ساقلاپ تۇرىمەن، _ دېدى.

29شۇنداق قىلىپ زادوق بىلەن ئەبىياتار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى يېرۇسالېمغا قايتۇرۇپ كېتىشتى ۋە ئۆزلىرىمۇ شۇ يەردە تۇرۇپ قېلىشتى. 30داۋۇت ھۆڭرەپ يىغلاپ، قايغۇ-ھەسرەتتىن بېشىنى يېپىۋېلىپ، يالاڭ ئاياغ پېتى زەيتۇن تېغىغا چىقىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ ھەمراھلىرىمۇ باشلىرىنى يېپىۋېلىپ يىغلاپ مېڭىشتى.

31داۋۇتنىڭ مەسلىھەتچىسى ئاخىتوفەلنىڭ ئابسالوم تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەنلىك خەۋىرى داۋۇتقا يېتىپ كەلگەندە، داۋۇت پەرۋەردىگارغا: «ئى پەرۋەردىگار، ئاخىتوفەلنىڭ كۆرسەتكەن مەسلىھەتلىرىنى ئەخمىقانىلىققا ئايلاندۇرۇۋەتكەيسەن» دەپ دۇئا قىلدى.

32داۋۇت تاغنىڭ بېشىغا، يەنى كىشىلەر خۇداغا سەجدە قىلىدىغان يەرگە يېتىپ كەلگەندە، ئاركى جەمەتىدىن بولغان خۇشاي كىيىملىرىنى يىرتىپ، بېشىغا توپا چاچقان ھالدا ئۇنى شۇ يەردە كۈتۈۋالدى.

33داۋۇت ئۇنىڭغا:

_ ئەگەر سەن مەن بىلەن بىللە ماڭساڭ، ماڭا يۈك بولۇپ قالىسەن. 34سەن يېرۇسالېمغا قايتىپ، ئابسالومغا: «ئى پادىشاھ ئالىيلىرى، مەن ئىلگىرى ئاتىلىرىنىڭ خىزمەتكارى بولغىنىمدەك، ئەمدى سىلىنىڭمۇ خىزمەتكارلىرى بولۇشنى خالايمەن» دېگىن. شۇنداق قىلساڭ، ئاخىتوفەلنىڭ كۆرسەتكەن مەسلىھەتىگە قارشى چىقىپ، ماڭا ياردەم قىلالايسەن. 35روھانىي زادوق بىلەن روھانىي ئەبىياتارمۇ شۇ يەردە سەن بىلەن بىللە بولىدۇ ئەمەسمۇ؟! سەن ئوردىدا ئاڭلىغانلىرىڭنىڭ ھەممىسىنى ئۇلارغا ئېيتىپ تۇر. 36ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرى ئاخىمائاز بىلەن يوناتانمۇ شۇ يەردە. ئۇلار ئارقىلىق ئاڭلىغانلىرىڭنىڭ ھەممىسىنى ماڭا يەتكۈزسەڭ بولىدۇ، _ دېدى.

37شۇنداق قىلىپ داۋۇتنىڭ دوستى خۇشاي يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدى. شۇ پەيتتە ئابسالوممۇ يېرۇسالېمغا كىرىۋاتقانىدى.


16

داۋۇت بىلەن زىبا

1داۋۇت تاغ چوققىسىدىن ئېشىپ، ئەمدىلا چۈشۈۋاتقاندا، مىفىبوشەتنىڭ خىزمەتكارى زىبا دېگەن ئادەمنى ئۇچراتتى؛ زىبانىڭ يېنىدا ئېگەرلەنگەن ئىككى ئېشىكى بار بولۇپ، ئېشەكلەرگە ئىككى يۈز نان، يۈز ئوچۇم كىشمىش، يۈز ئوچۇم يازلىق مېۋىلەر ۋە بىر تۇلۇم شاراب ئارتىلغانىدى.

2پادىشاھ زىبادىن:

_ سەن بۇ نەرسىلەرنى نېمىگە ئېلىپ كەلدىڭ؟ _ دەپ سورىدى.

_ ئېشەكلەرنى پادىشاھىمنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ مىنىشىگە، نان ۋە يازلىق مېۋىلەرنى ياشلارنىڭ يېيىشىگە، شارابنى چۆلدە ھېرىپ قالغانلارنىڭ ئىچىشىگە ئېلىپ كەلدىم، _ دەپ جاۋاب بەردى زىبا.

3_ خوجايىنىڭ سائۇلنىڭ نەۋرىسى مىفىبوشەت قەيەردە؟ _ دەپ سورىدى پادىشاھ يەنە ئۇنىڭدىن.

_ مىفىبوشەت: «بۈگۈن ئىسرائىل خەلقى ماڭا بوۋام سائۇلنىڭ پادىشاھلىقىنى قايتا تىكلەپ بېرىدۇ» دەپ يېرۇسالېمدا قالدى، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ.

4_ مىفىبوشەتكە تەۋە بولغان ھەممە نەرسە ئەمدى ساڭا تەۋەدۇر، _ دېدى پادىشاھ.

_ پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ ئالدىدا باش ئېگىپ قۇللىرى بولاي، ئىلتىپاتلىرىغا سازاۋەر بولغايمەن! _ دەپ جاۋاب قايتۇردى زىبا.

شىمئىنىڭ داۋۇتنى قارغىشى

5داۋۇت باخۇرىم شەھىرىگە يېتىپ كەلگەندە، سائۇل جەمەتىدىن بىر ئادەم ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ كەلدى. ئۇ گېرانىڭ ئوغلى بولۇپ، ئىسمى شىمئى ئىدى. ئۇ داۋۇتنىڭ يېنىغا كېلىۋېتىپ ئۇنى قارغىدى. 6ئۇ داۋۇت پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئادەملىرىگە ھەمدە مەخسۇس تەربىيەلەنگەن لەشكەرلىرىگە قارىتىپ تاش ئاتتى.

7_ ئەي قانخور، ئەي رەزىل ئىنسان، يوقال! يوقال بۇ يەردىن! _ دەپ ئۇنى ھاقارەتلەپ توۋلىدى شىمئى. 8_ سائۇل جەمەتىنىڭ قېنىنى تۆككەنلىكىڭ ئۈچۈن مانا پەرۋەردىگار سېنى جازالاۋاتىدۇ. سەن سائۇلنىڭ پادىشاھلىق تەختىنى تارتىۋالغانىدىڭ، پەرۋەردىگار ئەمدى ئۇنى ئوغلۇڭ ئابسالومغا ئېلىپ بەردى. مانا ئەمدى قىلغانلىرىڭ ئۆزۈڭگە قايتتى، ئەي قانخور!

9زىرۇيانىڭ ئوغلى ئابىشاي پادىشاھقا:

_ نېمىشقا بۇ ئۆلۈك ئىتقا پادىشاھى ئالەمنى ھاقارەتلەتكۈزىمىز؟ مەن بېرىپ ئۇ بىر نېمىنىڭ كاللىسىنى ئۈزۈۋېتەي، _ دېدى.

10_ ھەي زىرۇيانىڭ ئوغۇللىرى، _ دېدى داۋۇت ئابىشاي ۋە يوئابقا، _ سىلەرنىڭ بۇ ئىش بىلەن نېمە مۇناسىۋىتىڭلار بار؟ ئەگەر پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: «سەن بېرىپ داۋۇتنى قارغا» دېگەنلىكى ئۈچۈن ئۇ مېنى قارغىغان بولسا، كىممۇ ئۇنىڭغا: «سەن نېمىشقا بۇنداق قىلىسەن؟» دېيەلىسۇن؟

11ئاندىن داۋۇت ئابىشاي ۋە ئۆزىنىڭ بارلىق ئادەملىرىگە:

_ قاراڭلار، ئۆزۈمنىڭ پۇشتىدىن بولغان ئوغلۇم جېنىمنى ئالماقچى بولۇۋاتقان يەردە، بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان بۇ ئادەم نېمە قىلمايدۇ؟ پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا شۇنداق قىلىشنى بۇيرۇغان، مەيلىگە قويۇۋېتىڭلار، قارغاۋەرسۇن! 12پەرۋەردىگار مۈشكۈللۈكتە قالغانلىقىمنى كۆرۈپ، بۈگۈن بۇ ئادەمنىڭ قارغاشلىرى ئورنىغا ماڭا شەپقەت كۆرسىتىپمۇ قالار، _ دېدى.

13شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت ئادەملىرى بىلەن يولىنى داۋاملاشتۇردى. شىمئى تاغ باغرىنى بويلاپ داۋۇت بىلەن قاتار ماڭغاچ، ئۇنى قارغاپ، ئۇنىڭغا تاش ئېتىپ، توپا چېچىپ ماڭدى. 14پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بارىدىغان مەنزىلىگە يېتىپ كەلگەندە، ھارغانلىقلىرىنى ھېس قىلىشتى-دە، شۇ يەردە ئارام ئېلىشتى.

ئاخىتوفەلنىڭ ئابسالومغا مەسلىھەت بېرىشى

15شۇ پەيتتە ئابسالوم ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن پۈتۈن ئىسرائىللار يېرۇسالېمغا كىرىپ بولغانىدى. ئاخىتوفەلمۇ ئابسالوم بىلەن بىللە ئىدى. 16داۋۇتنىڭ دوستى ئاركى جەمەتىدىن بولغان خۇشاي ئابسالومنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا:

_ پادىشاھ ئالىيلىرى ياشىغايلا! _ دېدى.

17ئابسالوم ئۇنىڭدىن:

_ سېنىڭ دوستۇڭغا كۆرسەتكەن مېھىر-شەپقىتىڭ شۇمۇ؟ نېمىشقا دوستۇڭ بىلەن بىللە كەتمىدىڭ؟ _ دەپ سورىدى.

18خۇشاي ئابسالومغا:

_ نەگىمۇ باراتتىم؟ مەن، پەرۋەردىگار ۋە بۇ خەلق، شۇنداقلا پۈتۈن ئىسرائىللار تەرىپىدىن تاللانغان ئادەمگە تەۋەدۇرمەن، مەن سىلى بىلەن بىللە بولىمەن. 19يەنە كېلىپ، داۋۇتنىڭ ئوغلى ئابسالومدىن باشقا يەنە كىمگىمۇ خىزمەت قىلاتتىم؟ ئاتىلىرىغا قانداق خىزمەت قىلغان بولسام، سىلىگىمۇ شۇنداق خىزمەت قىلىمەن، _ دېدى.

20شۇندا ئابسالوم ئاخىتوفەلگە قاراپ:

_ نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ بىر مەسلىھەت بەرگىن، _ دېدى.

21_ سىلى ئاتىلىرى ئوردىغا قاراشقا قالدۇرۇپ كەتكەن توقاللارغا يېقىنلىشىلا، شۇنداق قىلسىلىرى ئىسرائىل خەلقى سىلىنىڭ ئۆز ئاتىلىرىنى شەرمەندە قىلغانلىقلىرىنى ئاڭلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن سىلىگە ئەگەشكەنلەرنىڭ سىلىنى قوللاش قارارى تېخىمۇ قەتئىي بولىدۇ، _ دېدى.

22شۇنداق قىلىپ ئابسالومغا ئوردىنىڭ ئۆگزىسىدە بىر چېدىر تىكىلدى. ئابسالوم ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئاتىسىنىڭ توقاللىرى بىلەن بىر ياستۇققا باش قويدى. 23ئۇ چاغلاردا كىشىلەرگە ئاخىتوفەلنىڭ كۆرسەتكەن مەسلىھەتلىرى خۇدادىن كەلگەن مەسلىھەتتەك بىلىنەتتى. ئابسالوم ئاخىتوفەلنىڭ بەرگەن مەسلىھەتلىرىنى بەجايىكى داۋۇت قوبۇل قىلغاندەك قوبۇل قىلاتتى.


17

1ئاخىتوفەل ئابسالومغا يەنە:

_ ئىجازەت بەرسىلىرى، 12 مىڭ ئادەمنى تاللىۋالسام. بۈگۈن كېچىدىلا يولغا چىقىپ، داۋۇتنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ بېرىپ، 2ئۇ ھېرىپ-چارچاپ، ئۈمىدسىزلەنگەن ۋاقتىدا ھۇجۇم قىلسام، ئۇ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ ھەممىسى ئالاقزادىلىكتە قاچىدۇ. مەن پەقەت پادىشاھنىڭ ئۆزىنىلا ئۆلتۈرۈپ، 3پۈتكۈل خەلقنى سىلىگە قايتۇرۇپ كېلىمەن. سىلى قوغلاپ يۈرگەن ئۇ ئادەم ئۆلسىلا، خەلقنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ يانلىرىغا قايتىپ كېلىدۇ، خەلقمۇ ئامان قالىدۇ، _ دېدى.

4ئاخىتوفەلنىڭ بۇ مەسلىھەتى ئابسالومغىمۇ، بارلىق ئىسرائىل ئاقساقاللىرىغىمۇ ياقتى.

خۇشاينىڭ ئاخىتوفەلنىڭ پىلانىنى بۇزۇشى

5_ ئاركى جەمەتىدىن بولغان خۇشاينىمۇ چاقىرىپ كېلىڭلار، ئۇنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىنىمۇ ئاڭلاپ باقايلى، _ دېدى ئابسالوم.

6خۇشاي ئابسالومنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئابسالوم ئۇنىڭغا ئاخىتوفەلنىڭ مەسلىھەتىنى ئېيتىپ بەردى ۋە ئۇنىڭدىن:

_ بىز ئۇنىڭ دېگىنىدەك قىلساق بولارمۇ؟ بولمىسا سەن پىكرىڭنى دەپ باقساڭ، _ دەپ سورىدى.

7_ ئاخىتوفەلنىڭ بۇ قېتىمقى مەسلىھەتى ياخشى بولماپتۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى خۇشاي، 8_ ئۆزلىرىگە مەلۇمكى، ئاتىلىرى ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ماھىر جەڭچىلەر بولۇپ، ئۇلار خۇددى بالىلىرى بۇلاپ كېتىلگەن دالادىكى چىشى ئېيىقتەك قەھرگە تولغاندۇر. يەنە كېلىپ ئاتىلىرى بىر تەجرىبىلىك جەڭچى، كېچىدە ئۇ لەشكەرلەر بىلەن بىللە ياتمايدۇ. 9شۇ پەيتتە ئۇ بىر ئۆڭكۈردە ياكى باشقا بىر يەردە يوشۇرۇنۇپ يۈرىدۇ. ئاتىلىرى داۋۇت سىلىنىڭ ئادەملىرىگە بىرىنچى بولۇپ ھۇجۇم قىلىپ، ئادەملىرىدىن بەزىلىرى ئۆلتۈرۈلسە، بۇنى ئاڭلىغانلار: «ئابسالومنىڭ ئادەملىرى قىرىلىپتۇ!» دېيىشىدۇ. 10ئۇ چاغدا ھەتتا شىر يۈرەك قەھرىمانلارمۇ قورقۇنچ ئىچىدە قالىدۇ. چۈنكى پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ئاتىلىرىنىڭ ماھىر جەڭچى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئادەملىرىنىڭ باتۇر ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. 11مەسلىھەتىم شۇكى، دان شەھىرىدىن بەئەرشەبا شەھىرىگىچە بولغان پۈتۈن ئىسرائىللار سىلىنىڭ ئەتراپلىرىغا توپلانسۇن، ئىسرائىللار دېڭىز ياقىسىدىكى قۇمدەك كۆپ. ئۇلارنى سىلى ئۆزلىرى جەڭگە باشلىغايلا. 12بۇ چاغدا داۋۇت پادىشاھ مەيلى قەيەردە يوشۇرۇنۇپ يۈرمىسۇن، بىز خۇددى يەر يۈزىگە چۈشكەن شەبنەم پۈتۈن زېمىننى قاپلىغاندەك ئۇنىڭ ئۈستىگە باستۇرۇپ بارىمىز. داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىدىن بىرىنىمۇ تىرىك قالدۇرمايمىز. 13داۋۇت چېكىنىپ بىرەر شەھەرگە كىرىۋالسا، بىز پۈتۈن ئىسرائىللار ئارغامچىلارنى ئېلىپ كېلىپ، ھەتتا كىچىككىنە بىر تال تاشنىمۇ قالدۇرماي، ئۇ شەھەرنى تارتىپ ئاپىرىپ سايغا چۈشۈرۈۋېتىمىز.

14ئابسالوم ۋە ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى: «خۇشاينىڭ مەسلىھەتى ئاخىتوفەلنىڭكىدىن ياخشى ئىكەن» دېيىشتى. سەۋەبى پەرۋەردىگار ئابسالومنى بالا-قازاغا دۇچار قىلىش مەقسىتىدە، ئاخىتوفەلنىڭ ياخشى مەسلىھەتىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىنى قارار قىلغانىدى.

داۋۇتنىڭ ئاگاھلاندۇرۇلۇشى ۋە قېچىپ كېتىشى

15خۇشاي ئاخىتوفەلنىڭ ئابسالوم ۋە ئىسرائىل ئاقساقاللىرىغا قانداق مەسلىھەت بەرگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭمۇ ئۇلارغا قانداق مەسلىھەت بەرگەنلىكىنى روھانىي زادوق بىلەن ئەبىياتارغا دەپ بەردى. 16ئۇ يەنە:

_ ئەمدى سىلەر دەرھال داۋۇتقا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا: «بۈگۈن كېچىدە دالادىكى دەريا كېچىكىدە تۇرماي، ھازىرلا ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ كەتسىلە، ئۇنداق بولمىسا، پادىشاھ ئۆزلىرى ھەم ئادەملىرىمۇ يوقىتىلىدۇ» دەپ مەلۇمات بېرىڭلار، _ دېدى.

17بۇ چاغدا ئەبىياتارنىڭ ئوغلى يوناتان بىلەن زادوقنىڭ ئوغلى ئاخىمائاز ئۆزلىرىنىڭ شەھەرگە كىرىۋاتقانلىقىنى باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن قورقۇپ، يېرۇسالېمنىڭ تېشىدىكى روگېل بۇلىقىنىڭ بويىدا كۈتۈپ تۇرۇشتى. بىر خىزمەتچى قىز ئۇلارغا خەۋەر ئەكېلىپ تۇراتتى، ئۇلار بولسا ئاڭلىغانلىرىنى بېرىپ داۋۇت پادىشاھقا يەتكۈزۈپ تۇراتتى.

18لېكىن بىر قېتىم ئۇلارنى بىر يىگىت كۆرۈپ قېلىپ، بېرىپ ئابسالومغا ئېيتىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككىسى ئىتتىك ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، باخۇرىمدىكى بىرەيلەننىڭ ئۆيىگە باردى. ئۇ ئادەمنىڭ ھويلىسىدا بىر قۇدۇق بار بولۇپ، ئۇلار شۇ قۇدۇقنىڭ ئىچىگە چۈشۈۋالدى. 19ئۆي ئىگىسىنىڭ ئايالى ئۇلارنىڭ سېزىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن قۇدۇقنىڭ ئاغزىغا بىر پالاس يېپىپ، ئۈستىگە باشاق يېيىتىپ قويدى.

20ئابسالومنىڭ ئادەملىرى بۇ ئۆيگە ئۇلارنى ئىزدەپ كېلىپ، ئۇ ئايالدىن:

_ ئاخىمائاز بىلەن يوناتاننى كۆردىڭىزمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

ئايال ئۇلارغا:

_ ئۇلار دەريادىن ئۆتۈپ كەتتى، _ دەپ جاۋاب بەردى.

ئابسالومنىڭ ئادەملىرى ئۇلارنى ئىزدەپ تاپالمىغاندىن كېيىن، يېرۇسالېمغا قايتىپ كېتىشتى.

21ئۇلار كەتكەندىن كېيىن، ئىككىيلەن قۇدۇقتىن چىقىپ داۋۇت پادىشاھنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئاخىتوفەلنىڭ ئابسالومغا داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىگە قارشى مەسلىھەت بەرگەنلىكىنى ئېيتتى ھەم ئۇلارغا:

_ قېنى ھازىرلا دەريادىن ئۆتۈپ كېتىڭلار، _ دېدى. 22شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈشكە باشلىدى. تاڭ ئاتقاندا دەريادىن ئۆتۈپ بولالمىغان بىرمۇ ئادەم قالمىدى.

23ئاخىتوفەل ئۆز مەسلىھەتىنىڭ قوبۇل قىلىنمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئېشىكىنى ئېگەرلەپ، ئۆز يۇرتىغا قايتتى. ئائىلىسىدىكى ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئېسىلىپ ئۆلۈۋالدى. جەسىتى ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قەبرىستانلىقىغا قويۇلدى.

24داۋۇت ماخانايىم شەھىرىگە يېتىپ بارغان چاغلاردا، ئابسالوم ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ئىسرائىللار ئىئوردان دەرياسىدىن كېسىپ ئۆتتى. 25ئابسالوم يوئابنىڭ ئورنىغا ئاماسانى قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى قىلىپ تەيىنلىدى. ئاماسا بولسا ئىسمائىللاردىن بولغان يەتەرنىڭ ئوغلى ئىدى. ئۇنىڭ ئانىسى ئابىگال ناخاشنىڭ قىزى بولۇپ، ئۇ يوئابنىڭ ئانىسى زىرۇيانىڭ سىڭلىسى ئىدى. 26ئابسالوم بىلەن ئىسرائىللار گىلئادتا بارگاھ تىكتى.

27داۋۇت ماخانايىمغا يېتىپ بارغان چاغدا، ئۇنى ئاممونلارنىڭ رابباھ شەھىرىدىن بولغان ناخاشنىڭ ئوغلى شوبى، لودىبارلىق ئاممىئېلنىڭ ئوغلى ماكىر ۋە روگىلىمدا ئولتۇرۇشلۇق گىلئادلىق بارزىللايلار كۈتۈۋالدى. 28-29ئۇلار: «داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى چۆلدە يۈرۈپ ھېرىپ، قورساقلىرى ئېچىپ، ئۇسساپ كەتكەندۇ» دەپ ئويلاپ، يوتقان-كۆرپىلەر، تاۋاقلار، ساپال قاچىلار، بۇغداي، ئارپا، ئۇن، قوماچ، پۇرچاق، ماش، ھەسەل، سۈزمە، قۇرۇت-ئىرىمچىك ۋە قويلارنى ئېلىپ كەلگەنىدى.


18

ئابسالومنىڭ مەغلۇپ بولۇپ ئۆلۈشى

1داۋۇت يېنىدىكى ئادەملىرىنى بىر جايغا يىغىپ، ئۇلار ئۈستىدىن سەركەردىلەر تەيىنلىدى، بەزىلىرى مىڭ لەشكەرگە باشلىق بولسا، بەزىلىرى يۈز لەشكەرگە باشلىق بولدى. 2ئۇ ئادەملىرىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى يوئابنىڭ قولىغا، ئۈچتىن بىرىنى يوئابنىڭ ئاكىسى _ مەزلۇم زىرۇيانىڭ ئوغلى ئابىشاينىڭ قولىغا، قالغان ئۈچتىن بىرىنى گاتلىق ئىتتاينىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ، ئۇلارنى جەڭگە ئاتلاندۇردى. داۋۇت ئۇلارغا:

_ مەنمۇ سىلەر بىلەن بىللە جەڭگە چىقىمەن، _ دېدى.

3ئادەملىرى ئۇنىڭغا:

_ ئۆزلىرى جەڭگە چىقسىلا بولمايدۇ. ئەگەر بىز جەڭدە قېچىشقا توغرا كېلىپ قالساق، دۈشمەنلىرىمىز بىزگە پەرۋا قىلمايدۇ، ھەتتا بىزنىڭ يېرىمىمىز جەڭدە ئۆلسەكمۇ ئۇلارغا بەرىبىر. ئۆزلىرى بىزدەكتىن 10 مىڭغا ئەرزىيلە. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئۆزلىرى شەھەردە قېلىپ بىزگە ياردەمچى ئەۋەتىپ تۇرغايلا، _ دېيىشتى.

4پادىشاھ داۋۇت ئۇلارغا:

_ سىلەرچە قانداق قىلسام ياخشى بولسا شۇنداق قىلاي! _ دېدى.

لەشكەرلەر يۈز كىشىلىك ۋە مىڭ كىشىلىك قوشۇن بولۇپ جەڭگە ئاتلانغاندا، پادىشاھ شەھەر دەرۋازىسىنىڭ يېنىدا تۇردى.

5پادىشاھ داۋۇت يوئاب، ئابىشاي ۋە ئىتتايغا:

_ مېنىڭ ھۆرمىتىم ئۈچۈن ئابسالوم دېگەن يىگىتكە ياخشى مۇئامىلە قىلىڭلار _ دەپ بۇيرۇدى.

پادىشاھنىڭ ئابسالوم توغرۇلۇق سەركەردىلەرگە بۇيرۇغان گېپىنى لەشكەرلەرنىڭ ھەممىسى ئاڭلىدى.

6شۇنىڭ بىلەن داۋۇتنىڭ ئادەملىرى ئىسرائىللار بىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن دالاغا چىقتى. جەڭ ئەفرايىم ئورمانلىقىدا بولدى. 7داۋۇتنىڭ ئادەملىرى ئىسرائىللارنى مەغلۇپ قىلدى. ئۇ كۈنى چوڭ قىرغىنچىلىق بولۇپ 20 مىڭ كىشى ئۆلتۈرۈلدى. 8جەڭ پۈتۈن ئەتراپقا يېيىلدى. شۇ كۈنى ئورماندىكى خەتەرلەردە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى جەڭدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانىدىن كۆپ بولدى.

9ئابسالوم داۋۇتنىڭ ئادەملىرىگە دۇچ كېلىپ قالدى. ئۇ چاغدا ئابسالوم قېچىرغا مىنىپ قېچىپ كېتىۋاتاتتى. قېچىر شاخلىرى ناھايىتى قويۇق ئۆسكەن چوڭ بىر پىستە دەرىخىنىڭ ئاستىدىن ئۆتكەندە، ئابسالومنىڭ بېشى دەرەخ شاخلىرىنىڭ ئارىسىغا كىرىپ قالدى. قېچىر چاپقان پېتى كېتىۋەردى، ئابسالوم بولسا دەرەخكە ئېسىلىپ قالدى. 10داۋۇتنىڭ ئادەملىرىدىن بىرى ئۇنى كۆرۈپ قېلىپ، بېرىپ يوئابقا:

_ مەن ئابسالومنىڭ بىر پىستە دەرىخىنىڭ شاخلىرىغا ئېسىلىپ قالغانلىقىنى كۆردۈم، _ دېدى.

11يوئاب خەۋەر ئېلىپ كەلگەن ئادەمگە:

_ ئۇنى كۆرگەن بولساڭ، نېمىشقا شۇ يەردىلا ئۆلتۈرۈۋەتمىدىڭ؟ ساڭا ئون كۈمۈش تەڭگە بىلەن بىر كەمەر ئىنئام قىلغان بولاتتىم، _ دېدى.

12ھېلىقى ئادەم يوئابقا مۇنداق دېدى:

_ ماڭا ھەتتا مىڭ كۈمۈش تەڭگە بەرسىلىمۇ، پادىشاھنىڭ ئوغلىغا قارشى قولۇمنى كۆتۈرمەيمەن. چۈنكى بىز ھەممىمىز پادىشاھنىڭ سىلىگە ۋە ئابىشاي بىلەن ئىتتايغا: «مېنىڭ ھۆرمىتىم ئۈچۈن ئابسالوم دېگەن يىگىتكە ياخشى مۇئامىلە قىلىڭلار» دەپ بۇيرۇغانلىقىنى ئاڭلىغانمىز. 13ئەگەر پادىشاھقا خىيانەت قىلىپ، ئوغلىنى ئۆلتۈرسەم، پادىشاھ چوقۇم كىمنىڭ ئۇنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى تاپىدۇ. ئۇ چاغدا سىلىمۇ ئۆزلىرىنى مەندىن چەتكە ئالىدىلا.

14يوئاب جاۋابەن:

_ سەن بىلەن بۇ يەردە ۋاقتىمنى ئۆتكۈزمەي، _ دېدى-دە، قولىغا ئۈچ دانە نەيزە ئېلىپ، ئۇ يەرگە باردى. ئابسالوم تېخى تىرىك ھالدا پىستە دەرىخىگە ئېسىلىپ تۇرغان ۋاقتىدا، يوئاب كېلىپ، ئۇنىڭ يۈرىكىگە نەيزىلەرنى تىقىۋەتتى.

15ئاندىن يوئابنىڭ ئون نەپەر قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسى ئابسالومنى قورشىۋېلىپ، ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتتى.

16يوئاب جەڭنى توختىتىش ئۈچۈن بۇرغا چالدۇردى، ئادەملىرى ئىسرائىللارنى قوغلاشتىن توختاپ، ئارقىلىرىغا قايتىشتى. 17ئۇلار ئابسالومنىڭ جەسىتىنى دەرەختىن چۈشۈرۈپ، ئورماندىكى چوڭ بىر ئورەككە تاشلىۋەتتى ۋە ئۈستىگە ئېگىز قىلىپ تاش دۆۋىلەپ قويدى. ئابسالومغا ئەگەشكەن ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى ئۆز ئۆيلىرىگە قېچىپ كېتىشتى.

18ئابسالوم ھايات ۋاقتىدا: «نامىمنى داۋاملاشتۇرىدىغان ئوغلۇم يوق» دەپ، «پادىشاھ جىلغىسى» دېگەن يەردە ئۆزىگە ئاتاپ بىر تاش ئابىدە ئورنىتىپ، ئۇنىڭغا ئۆز نامىنى بەرگەنىدى. بۇ تاش ئابىدە تاكى ھازىرغىچە «ئابسالوم ئابىدىسى» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.

داۋۇت ئوغلى ئابسالومغا ماتەم تۇتۇشى

19زادوقنىڭ ئوغلى ئاخىمائاز يوئابقا:

_ ئىجازەت بەرسىڭىز، مەن تېز بېرىپ پادىشاھقا: «پەرۋەردىگار سىلىنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدى» دەپ، خۇش خەۋەر يەتكۈزەي، _ دېدى.

20_ ياق، _ دېدى يوئاب، _ پادىشاھنىڭ ئوغلى ئۆلدى، بۈگۈن سەن خەۋەر ئېلىپ بارمايسەن. باشقا كۈنى خەۋەر يەتكۈزسەڭ بولىدۇ، لېكىن بۈگۈن ئەمەس.

21شۇنىڭدىن كېيىن يوئاب كۇشلاردىن بىرىگە:

_ سەن بېرىپ كۆرگەنلىرىڭنى پادىشاھقا ئېيتقىن، _ دېدى.

ئۇ ئادەم يوئابقا تەزىم قىلدى-دە، يۈگۈرۈپ كەتتى.

22لېكىن زادوقنىڭ ئوغلى ئاخىمائاز يوئابقا يەنە:

_ مەيلى نېمە بولسا بولسۇن، مېنىڭمۇ كۇشلاردىن بولغان ئاۋۇ ئادەم بىلەن بىللە بېرىشىمغا رۇخسەت قىلسىڭىز، _ دېگەنىدى.

يوئاب:

_ سەن نېمىشقا بارىمەن، دەپ تۇرۇۋالىسەن؟ ئوغلۇم، سەن خەۋەر يەتكۈزۈپ مۇكاپاتقا ئېرىشەلمەيسەن، _ دېدى.

23ئاخىمائاز يەنە:

_ مەيلى نېمە بولسا بولسۇن، يۈگۈرۈپلا باراي! _ دەپ تۇرۇۋالدى.

_ بوپتۇ بارغىن! _ دېدى يوئاب.

شۇنىڭ بىلەن ئاخىمائاز ئىئوردان تۈزلەڭلىكىنى بويلاپ يۈگۈرۈپ، ھېلىقى كۇشلاردىن بولغان ئادەمدىن ئۆتۈپ كەتتى.

24داۋۇت بۇ چاغدا شەھەرنىڭ ئىچكىرىكى ۋە تاشقىرىقى دەرۋازىلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇراتتى. كۆزەتچى سېپىلنىڭ ئۈستىگە چىقتى. ئۇ دەرۋازىنىڭ ئۆگزىسىدە تۇرۇپ، ئەتراپقا قاراپ بىر ئادەمنىڭ يالغۇز يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى ۋە 25پادىشاھقا بۇ ھەقتە توۋلاپ خەۋەر يەتكۈزدى. پادىشاھ:

_ ئۇ يالغۇز بولسا، چوقۇم ياخشى خەۋەر يەتكۈزگىلى كېلىۋاتقان ئادەم، _ دېدى.

ئۇ ئادەم يېقىنلاپ كەلگەندە، 26كۆزەتچى يەنە بىر ئادەمنىڭ يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، دەرۋازىۋەنگە قاراپ:

_ قاراڭلا، يەنە بىر ئادەم يالغۇز يۈگۈرۈپ كېلىۋاتىدۇ! _ دەپ توۋلىدى.

_ ئۇمۇ چوقۇم ياخشى خەۋەر يەتكۈزگىلى كېلىۋاتقان ئادەم، _ دېدى پادىشاھ.

27_ مېنىڭچە ئالدىدا يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقان ئادەمنىڭ يۈگۈرۈشى زادوقنىڭ ئوغلى ئاخىمائازنىڭ يۈگۈرۈشىگە ئوخشايدىكەن، _ دېدى كۆزەتچى.

_ ئۇ ياخشى ئادەم، چوقۇم ياخشى خەۋەر ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ، _ دېدى پادىشاھ.

28ئاخىمائاز پادىشاھقا يۇقىرى ئاۋازدا:

_ تىنچ-ئامان بولغايلا، _ دەپ توۋلىدى. ئۇ يەرگە باش قويۇپ پادىشاھقا تەزىم قىلغاندىن كېيىن، مۇنداق دېدى:

_ پادىشاھ ئالىيلىرىغا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەنلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشلىرىغا مۇيەسسەر قىلغان پەرۋەردىگار خۇدالىرىغا ھەمدۇسانالار بولغاي.

29_ ياش يىگىت ئابسالوم ئامان-ئېسەنمۇ؟ _ دەپ سورىدى پادىشاھ.

_ يوئاب كۇشلاردىن بولغان خىزمەتكارلىرىنى ۋە پېقىرنى يولغا سالغان چاغدا، قالايمىقانچىلىق بولۇپ كېتىپ نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمىدىم، _ دەپ جاۋاب بەردى ئاخىمائاز.

30_ بوپتۇ ئەمىسە، بىر چەتتە كۈتۈپ تۇر، _ دېدى پادىشاھ ئۇنىڭغا.

ئاخىمائاز بىر چەتكە بېرىپ تۇردى.

31شۇ ئارىلىقتا ھېلىقى كۇشلاردىن بولغان ئادەم يېتىپ كەلدى.

_ پادىشاھ ئالىيلىرىغا ياخشى خەۋەر ئېلىپ كەلدىم. بۈگۈن پەرۋەردىگار ئۆزلىرىنى سىلىگە قارشى ئىسيان كۆتۈرگەنلەر قولىدىن قۇتقۇزدى! _ دېدى ئۇ.

32پادىشاھ ئۇنىڭدىن:

_ ياش يىگىت ئابسالوم تىنچ-ئامانمۇ؟ _ دەپ سورىدى،

_ پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ، يەنى ئۆزلىرىگە قارشى چىققانلارنىڭ تەقدىرى ئاشۇ ياش يىگىتنىڭ تەقدىرىدەك بولغاي، _ دەپ جاۋاب بەردى كۇشلاردىن بولغان ھېلىقى ئادەم.

33پادىشاھ ھەسرەت ئىچىدە دەرۋازا ئۈستىدىكى بالىخانىغا چىقىپ، قايغۇرۇپ يىغلاپ كەتتى. ئۇ بالىخانىغا چىققاچ:

_ ئوغلۇم ئابسالوم! سېنىڭ ئورنۇڭدا مەن ئۆلسەم بولماسمىدى ئوغلۇم، ئاھ جېنىم ئوغلۇم ئابسالوم، ئوغلۇم ئابسالوم! _ دەپ پەرياد قىلدى.*



*18:33 ئەسلى قوليازمىلاردا ئۇشبۇ ئايەت 19-بابنىڭ 1-ئايىتىگە توغرا كېلىدۇ.



 

19

يوئابنىڭ داۋۇتقا نەسىھەت قىلىشى

1يوئابقا «پادىشاھ داۋۇت ئابسالوم ئۈچۈن كۆز يېشى تۆكۈپ، ھازا تۇتۇۋاتىدۇ» دېگەن خەۋەر يېتىپ كەلدى.

2داۋۇتنىڭ ئادەملىرى پادىشاھنىڭ ئۆز ئوغلى ئۈچۈن ھازا تۇتۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغاندا، ئۇلارنىڭ شۇ كۈندىكى جەڭ غەلىبىسى قايغۇغا ئايلاندى. 3ئۇ كۈنى ئۇلار خۇددى جەڭگاھتىن شەرمەندىلەرچە قېچىپ كەلگەن لەشكەرلەردەك، شەھەرگە جىمجىت كىرىپ كېلىشتى.

4پادىشاھ يۈزىنى ئېتىۋېلىپ:

_ ئاھ، ئوغلۇم ئابسالوم! ئوغلۇم، ئاھ جېنىم ئوغلۇم! _ دەپ ئۈنلۈك يىغلاۋاتاتتى.

5يوئاب ئۆيگە كىرىپ پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈپ مۇنداق دېدى:

_ بۈگۈن ئۆزلىرىنىڭ، شۇنداقلا ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ، خوتۇنلىرىنىڭ ۋە توقاللىرىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزغان بارلىق ئادەملىرىنى خىجالەتچىلىككە قويدىلا. 6سىلى ئۆزلىرىگە ئۆچ ئادەملەرگە ئامراق، ئامراق ئادەملەرگە ئۆچ ئىكەنلا. بۈگۈن سەركەردە ۋە لەشكەرلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئالدىلىرىدا ھېچ نەرسىگە ئەرزىمەيدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدىلا. مەن شۇنى بىلدىمكى، ئەگەر بۈگۈن ئابسالوم ھايات قېلىپ، قالغانلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ كەتكەن بولساق، سىلى خۇشال بولىدىكەنلا. 7ئەمدى تاشقىرىغا چىقىپ، ئادەملىرىنىڭ كۆڭلىنى ئالغايلا. مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر چىقمىسىلا، بۈگۈن كېچە يانلىرىدا بىرمۇ ئادەم قالمايدۇ. بۇ ئىش ياشلىقلىرىدىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە، ھاياتلىرىدا باشلىرىغا كەلگەن ئەڭ چوڭ بالا-قازا بولىدۇ.

8شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئورنىدىن قوپۇپ، دەرۋازا ئالدىغا بېرىپ ئولتۇردى. پۈتۈن خەلق پادىشاھنىڭ شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا ئولتۇرغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئالدىغا يېتىپ كېلىشتى. ئابسالومغا ئەگەشكەن ئىسرائىللار بولسا ئۆيلىرىگە قېچىپ كەتتى.

9ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىدىن بولغان كىشىلەر ئۆزئارا تالاش-تارتىش قىلىشىپ: «پادىشاھ بىزنى دۈشمەنلىرىمىزدىن خالاس قىلغان، فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغان. ئۇ ئابسالومدىن قېچىپ، يۇرتتىن كېتىپ قالغان. 10بىز ئۆزىمىزگە باش قىلىپ تەيىنلىگەن ئابسالوم جەڭگاھتا ئۆلۈپتۇ. ئەمدى نېمىشقا داۋۇتنىڭ قايتىپ كېلىپ بىزگە پادىشاھ بولۇشىنى تەلەپ قىلمايمىز؟» دېيىشتى.

داۋۇتنىڭ يېرۇسالېمغا قايتىپ كېلىشى

11ئىسرائىللارنىڭ سۆزلىرى داۋۇت پادىشاھنىڭ قۇلىقىغا يەتتى. ئۇ روھانىي زادوق بىلەن ئەبىياتارنى يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ ئاقساقاللىرىدىن: «سىلەر نېمىشقا پادىشاھنى ئوردىسىغا قايتۇرۇپ كېلىشتە كەينىدە قېلىۋاتىسىلەر؟ 12سىلەر مېنىڭ جىگىرىم، قان قېرىنداشلىرىم تۇرۇقلۇق نېمىشقا مېنى قايتۇرۇپ كېلىشتە سۇسلۇق قىلىسىلەر؟» دەپ سوراپ كېلىشكە ئەۋەتتى.

13داۋۇت ئۇلارغا يەنە: «سەن مېنىڭ جىگىرىم، قان قېرىندىشىم. سېنى ھازىردىن باشلاپ يوئابنىڭ ئورنىغا قوشۇننىڭ باش سەركەردىسى قىلمىسام، خۇدا مېنى ئېغىر جازالىسۇن!» دېگەن سۆزلەرنى ئاماساغا يەتكۈزۈشنى تاپىلىدى.

14شۇنداق قىلىپ، داۋۇت يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىگە مايىل قىلدى. يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر پادىشاھقا: «ھەممە ئادەملىرىنى ئەگەشتۈرۈپ، قايتىپ كەلسىلە» دەپ خەۋەر بېرىشتى. 15پادىشاھ قايتىپ، ئىئوردان دەرياسى بويىغا يېتىپ كەلدى. ئۇ «پادىشاھنى قارشى ئېلىپ، ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزەيلى» دەپ، گىلگالغا كەلگەن يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.

شىمئى بىلەن زىبانىڭ پادىشاھنى قارشى ئېلىشقا چىقىشى

16بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان گېرانىڭ ئوغلى باخۇرىملىق شىمئى يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە پادىشاھ داۋۇتنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، ئىئوردان دەرياسى بويىغا بېرىشقا ئالدىرىدى. 17ئۇنىڭ يېنىدا بىنيامىن قەبىلىسىدىن مىڭ كىشى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە سائۇل ئائىلىسىنىڭ خىزمەتكارى زىبا، ئۇنىڭ ئون بەش ئوغلى ۋە يىگىرمە خىزمەتكارى بار ئىدى. ئۇلار پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئىئوردان دەرياسى بويىغا تېزدىن يېتىپ بېرىشتى.

18ئۇلار: «پادىشاھ جەمەتىنى دەريادىن ئۆتكۈزەيلى، ئۇنىڭ ھەممە تەلەپلىرىنى ئورۇندايلى» دەپ، دەريا كېچىكىنىڭ ئۇ قىرغىقىغا ئۆتۈشتى. بۇ چاغدا پادىشاھ دەريادىن ئۆتەي دەپ تۇراتتى، گېرانىڭ ئوغلى شىمئى پادىشاھنىڭ ئالدىدا تەزىم قىلىپ:

19_ ئى پادىشاھ ئالىيلىرى، يېرۇسالېمدىن چىققان كۈنى پېقىرلىرى ئۆتكۈزگەن گۇناھنى ماڭا ھېساب قىلمىغايلا، ئۇنى ئەسلىرىدە ساقلىماي، كۆڭۈللىرىدىن چىقىرىۋەتكەيلا. 20پېقىر گۇناھ قىلغانلىقىمنى بىلدىم، شۇڭا ئىسرائىلىيە قەبىلىلىرى ئىچىدە بىرىنچى بولۇپ پادىشاھ ئالىيلىرىنى كۈتۈۋېلىشقا كەلدىم، _ دېدى.

21بۇ چاغدا مەزلۇم زىرۇيانىڭ ئوغلى ئابىشاي:

_ پەرۋەردىگار تاللىغان پادىشاھنى قارغىغانلىقى ئۈچۈن شىمئى ئۆلتۈرۈلسۇن، _ دېدى.

22لېكىن داۋۇت:

_ ئى زىرۇيانىڭ ئوغۇللىرى، كىم سىلەرنىڭ پىكرىڭلارنى سوراپتۇ؟! بۈگۈن خۇددى دۈشمىنىمدەك ئىش قىلىۋاتىسىلەر، مەن ھازىر ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھىدۇرمەن. بۈگۈن ئىسرائىلىيەدە ھېچكىم ئۆلتۈرۈلمەيدۇ، _ دېدى 23ۋە شىمئىگە قاراپ قەسەم ئىچىپ:

_ سەن ھەرگىز ئۆلتۈرۈلمەيسەن، _ دېدى.

مىفىبوشەتنىڭ داۋۇت ئالدىدا ئۆزىنى ئاقلىشى

24سائۇلنىڭ نەۋرىسى مىفىبوشەتمۇ پادىشاھنى كۈتۈۋېلىشقا كەلگەنىدى. ئۇ پادىشاھ قاچقان كۈندىن تاكى پادىشاھ ئامان-ئېسەن قايتىپ كەلگەن كۈنگىچە، يا پۇتلىرىنى، يا كىيىملىرىنى يۇيمىغان، يا ساقال-بۇرۇتلىرىنىمۇ ئالدۇرمىغانىدى.

25ئۇ يېرۇسالېمدىن پادىشاھنى كۈتۈۋېلىشقا كەلگەندە پادىشاھ ئۇنىڭدىن:

_ ئى مىفىبوشەت، سەن نېمىشقا مەن بىلەن بىللە كەتمىدىڭ؟ _ دەپ سورىدى.

26-27_ ئى پادىشاھ ئالىيلىرى، قۇللىرى توكۇر بولغانلىقىم ئۈچۈن خىزمەتكارىم زىباغا: «ئېشەكنى ئىگەرلە، مەن ئېشەككە مىنىپ پادىشاھ بىلەن بىللە كېتىمەن» دېگەنىدىم. لېكىن ئۇ مېنى ئالداپلا قالماستىن، بەلكى پادىشاھ ئالىيلىرى ئالدىدا مېنى قارىلاپتۇ. ئەمما پادىشاھ ئالىيلىرى خۇدانىڭ پەرىشتىسىگە ئوخشايلا. شۇڭا ئۆزلىرىگە قانداق قىلىش مۇۋاپىق بولسا، شۇنداق قىلغايلا. 28بوۋامنىڭ پۈتۈن جەمەتىدىكىلەر پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ ئالدىدا ئۆلۈمگە مەھكۇم كىشىلەردۇر، ئەمما ئۆزلىرى ماڭا داستىخانلىرىدىن تائام يېيىش ئىمتىيازىنى بەردىلە. مېنىڭ ئۆزلىرىدىن بۇنىڭدىن ئارتۇق بىر نەرسە سوراشقا يەنە نېمە ھەققىم بولسۇن؟ _ دەپ جاۋاب بەردى مىفىبوشەت.

29_ ئۆز ئىشلىرىڭ توغرۇلۇق ئېيتقىنىڭ يېتەر، _ دېدى پادىشاھ، _ سائۇلنىڭ زېمىنىنى زىبا ئىككىڭلار تەڭ بۆلۈۋېلىڭلار، دەپ بۇيرۇيمەن.

30مىفىبوشەت بولسا پادىشاھقا:

_ پادىشاھ ئالىيلىرى، ئوردىغا ئامان-ئېسەن قايتىپ كەلدىلە، شۇنىڭ ئۆزى ماڭا كۇپايە. ھەممە زېمىننى زىبا ئالسۇن، _ دېدى.

بارزىللاينىڭ داۋۇت بىلەن خوشلىشىشى

31گىلئادلىق بارزىللايمۇ پادىشاھنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزۈپ قويۇش ئۈچۈن روگىلىمدىن كەلگەنىدى. 32بارزىللاي سەكسەن ياشقا كىرگەن، ناھايىتى ياشىنىپ قالغان ئادەم ئىدى. ئۇ باي ئادەم بولۇپ، پادىشاھ ماخانايىمدا تۇرغان چېغىدا، پادىشاھنى ئوزۇق-تۈلۈك بىلەن تەمىنلەپ تۇرغانىدى.

33_ دەريادىن مەن بىلەن بىللە ئۆتۈپ، يېرۇسالېمغا بېرىڭ، _ دېدى پادىشاھ بارزىللايغا، _ مەن ھالىڭىزدىن خەۋەر ئالىمەن.

34لېكىن بارزىللاي پادىشاھقا:

_ سىلى بىلەن يېرۇسالېمغا بارغۇدەك، يەنە قانچىلىك ئۆمرۈم قالدى دەيلا؟ 35مەن سەكسەن ياشقا كىردىم، مەن ئۈچۈن ھازىر جاپا بىلەن راھەتنىڭ پەرقى يوق. يەپ-ئىچكەننىڭ تەمىنى سېزەلمەيمەن، ئەر-ئايال ناخشىچىلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالمايمەن. شۇنداق ئىكەن مەن نېمىدەپ يەنە پادىشاھ ئالىيلىرىغا يۈك بولاي؟ 36مەن پەقەت سىلىنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئۆزلىرىگە بىر ئاز ھەمراھ بولاي دېدىم، خالاس. مەن ئۇنچىلىك مۇكاپاتلىنىشقا ئەرزىمەيمەن. 37ئۆز شەھىرىمدە ئۆلۈپ، ئاتا-ئانامنىڭ يېنىدا يېتىشىم ئۈچۈن، قايتىپ كېتىشىمگە رۇخسەت بەرگەيلا. مانا، بۇ يەردە ئوغلۇم كىمھام تۇرۇپتۇ، ئۇ سىلىنىڭ خىزمەتلىرىدە بولسۇن. ئۇنى ئۆزلىرى بىلەن بىللە ئېلىپ ماڭغايلا. ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى مۇۋاپىق دەپ كۆرسىلە، شۇنداق مۇئامىلە قىلغايلا! _ دېدى.

38_ كىمھام مەن بىلەن بىللە دەريادىن ئۆتسۇن. ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى خالىسىڭىز، شۇنداق مۇئامىلە قىلاي. مەندىن ئۆزىڭىز ئۈچۈن نېمىنى تەلەپ قىلسىڭىز، شۇنى بەجا كەلتۈرەي، _ دېدى پادىشاھ.

39شۇنىڭدىن كېيىن، پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنىڭ ھەممىسى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتتى. پادىشاھ بارزىللاينى سۆيۈپ ئۇنىڭغا بەخت تىلىدى. ئاندىن بارزىللاي ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەتتى.

ئىسرائىلىيە بىلەن يەھۇدىيە ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىش

40پادىشاھ دەريادىن ئۆتۈپ، گىلگالغا قاراپ كەتتى. كىمھاممۇ پادىشاھ بىلەن بىللە ئىدى. پۈتۈن يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر ۋە ئىسرائىللارنىڭ يېرىمى پادىشاھنىڭ سەپىرىدە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولدى. 41پۈتۈن ئىسرائىللار پادىشاھنىڭ يېنىغا كېلىپ، نارازىلىق بىلدۈرۈپ:

_ نېمە ئۈچۈن بۇرادەرلىرىمىز بولغان يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر سىلىنى ئېلىپ قېچىپ، ئادەملىرى شۇنداقلا خوتۇن ۋە بالا-چاقىلىرى بىلەن ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزىدۇ؟ _ دېيىشتى.

42پۈتۈن يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر ئىسرائىللارغا:

_ داۋۇت پادىشاھ بىزنىڭ قان قېرىندىشىمىز بولغاچقا شۇنداق قىلدۇق. سىلەر نېمىدەپ بۇ ئىشقا خاپا بولىسىلەر؟ بىز پادىشاھنىڭ ھېسابىغا بىر نەرسە يەپتۇقمۇ؟ ياكى پادىشاھ بىزگە بىرەر ئىنئام بېرىپتىمۇ؟ _ دېدى.

43_ ئىسرائىلىيەنىڭ ئون قەبىلىسى بار، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەرگە، _ شۇڭا سىلەرگە قارىغاندا داۋۇت پادىشاھتا بىزنىڭ ئون ھەسسە ھەققىمىز بار. شۇنداق ئىكەن، سىلەر نېمىشقا بىزنى مەنسىتمەيسىلەر؟ يەنە كېلىپ «پادىشاھىمىزنى قايتۇرۇپ كېلەيلى» دەپ، بىز بىرىنچى بولۇپ ئېيتقان ئەمەسمىدۇق؟

مۇنازىرە جەريانىدا، يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ سۆزلىرى ئىسرائىللارنىڭكىگە قارىغاندا قوپال بولدى.


20

شىبانىڭ ئىسيان كۆتۈرۈشى

1شۇ چاغدا بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان بىكرىنىڭ ئوغلى شىبا دېگەن بىر ئوسال ئادەم شۇ يەردە ئىدى. ئۇ بۇرغا چېلىپ:


«يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇتنىڭ بىزگە ئۆتكۈزۈپ قويغىنى يوق،

بىزنىڭ ھەم ئۇنىڭدا قەرزىمىز يوق.

ھەي ئىسرائىللار، ھەممىمىز ئۆز ئۆيلىرىمىزگە قايتايلى!» دېدى.


2شۇنىڭدىن كېيىن بارلىق ئىسرائىل خەلقى داۋۇتنى تاشلاپ، بىكرىنىڭ ئوغلى شىباغا ئەگىشىپ كەتتى. يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر بولسا ئۆزلىرىنىڭ پادىشاھىغا سادىق بولۇپ، ئىئوردان دەرياسىدىن يېرۇسالېمغا قەدەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلدى. 3داۋۇت پادىشاھ يېرۇسالېمدىكى ئوردىسىغا قايتىپ كېلىپ، ئوردىنى ساقلاشقا قالدۇرغان ئون توقالنى مەخسۇس بىر ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، نەزەربەند ئاستىغا ئالدى. داۋۇت پادىشاھ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا قارىدى، لېكىن بىرەرسى بىلەن بىللە بولمىدى. ئۇلار تاكى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە نەزەربەند ئاستىدا تۇل خوتۇنلاردەك ياشىدى.

4شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت پادىشاھ ئۆز قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى ئاماساغا:

_ ئۈچ كۈن ئىچىدە يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەرنى ھۇزۇرۇمغا جەم قىل. ئۆزۈڭمۇ بۇ يەردە بول، _ دېدى.

5ئاماسا يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەرنى جەم قىلغىلى كەتتى. لېكىن ئۇ بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە قايتىپ كەلمىدى.

6شۇڭا داۋۇت ئابىشايغا:

_ بىكرىنىڭ ئوغلى شىبا بىزگە ئابسالومدىنمۇ ئېغىر زىيان ئېلىپ كېلىدۇ. سەن ئادەملىرىمنى باشلاپ بېرىپ، ئۇنىڭ كەينىدىن قوغلا. بولمىسا ئۇ سېپىللىرى مۇستەھكەم بىر شەھەرنى تېپىپ كىرىۋېلىپ، يوشۇرۇنۇۋالىدۇ، _ دېدى.

7شۇنىڭ بىلەن يوئابنىڭ ئادەملىرى، كىرېتلەر بىلەن پىلېتلەردىن تەركىب تاپقان ياساۋۇللار ۋە باھادىرلار ئابىشاي ۋە يوئابقا ئەگىشىپ، يېرۇسالېمدىن يولغا چىقىپ، بىكرىنىڭ ئوغلى شىبانى قوغلاپ ماڭدى. 8ئۇلار گىبئوندىكى قورام تاشنىڭ يېنىغا كەلگەندە، ئاماسا ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقتى. يوئاب جەڭ كىيىملىرىنى كىيگەن بولۇپ، بېلىگە غىلاپلىق خەنجەر ئېسىلغان كەمەر باغلىغانىدى.

ئۇ ئالدىغا قاراپ ماڭغاندا خەنجەر سىيرىلىپ چۈشۈپ قالدى.

9_ ياخشىمۇسەن قېرىندىشىم، _ دېدى يوئاب ئاماساغا ۋە ئۇنىڭ يۈزىنى سۆيۈش ئۈچۈن ئوڭ قولى بىلەن ئۇنىڭ ساقىلىنى تۇتتى. 10ئاماسا يوئابنىڭ سول قولىدىكى خەنجەرنى بايقىمىدى. شۇ چاغدا يوئاب خەنجىرىنى ئۇنىڭ قورسىقىغا تىقىۋەتتى. ئۇنىڭ ئۈچەي-قېرىنلىرى يەرگە شالاقلاپ چۈشتى. ئاماساغا ئىككىنچى خەنجەر ئۇرۇشنىڭ ئورنى قالمىدى. ئۇنىڭ جېنى دەرھال چىقتى. شۇنىڭدىن كېيىن يوئاب ۋە ئاكىسى ئابىشايلار بىكرىنىڭ ئوغلى شىبانى داۋاملىق قوغلاشقا ماڭدى.

11يوئابنىڭ ئادەملىرىدىن بىر ياش يىگىت ئاماسانىڭ جەسىتى يېنىدا تۇرۇپ:

_ كىم يوئاب بىلەن داۋۇت تەرەپتە تۇرسا، يوئابنىڭ ئارقىسىدىن ماڭسۇن! _ دېدى.

12ئاماسانىڭ جەسىتى ئۆز قېنىغا مىلىنىپ، چوڭ يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا ياتاتتى. ھېلىقى ياش يىگىت ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ھەر بىر ئادەمنىڭ جەسەتنى كۆرگەندە ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، جەسەتنى يولدىن سۆرەپ ئېتىزغا ئاپىرىپ، ئۈستىنى بىر چاپان بىلەن يېپىپ قويدى. 13جەسەت چوڭ يولدىن يۆتكىۋېتىلگەندىن كېيىن، ھەممەيلەن يوئابقا ئەگىشىپ، بىكرىنىڭ ئوغلى شىبانىڭ كەينىدىن قوغلاپ كەتتى.

14شۇ ئەسنادا، شىبا بارلىق ئىسرائىلىيە قەبىلىلىرىنىڭ زېمىنلىرىنى بېسىپ ئۆتۈپ، بەيت-مائاكادىكى ئابېل شەھىرىگە يېتىپ كەلدى. بىكرى قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ، شىباغا ئەگىشىپ شەھەرگە بىللە كىرگەنىدى. 15يوئاب ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى شىبانىڭ بەيت-مائاكادىكى ئابېل شەھىرىدە ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇ يەرگە بېرىپ، شەھەرنى قامال قىلىۋالدى. ئۇلار شەھەر سېپىلىگە يۆلەپ توپا دۆۋىلىدى ۋە سېپىلنى ئۇرۇپ بۇزۇشقا باشلىدى.

16شۇ پەيتتە بىر دانا ئايال شەھەر ئىچىدىن:

_ ئاڭلاڭلار، ئاڭلاڭلار! يوئابقا دەڭلار، بۇ ياققا كەلسۇن، ئۇنىڭغا دەيدىغان گېپىم بار! _ دەپ توۋلىدى.

17يوئاب ھېلىقى ئايالغا يېقىنراق كەلدى.

_ سىلى يوئاب بولاملا؟ _ دەپ سورىدى ئايال.

_ ھە، مەن شۇ، _ دېدى يوئاب.

_ دېدەكلىرىنىڭ گېپىگە قۇلاق سالغايلا! _ دېدى ئايال.

_ ھە، ئاڭلاۋاتىمەن! _ دېدى يوئاب.

18ئايال گېپىنى داۋام قىلىپ:

_ قەدىمكىلەر: «مەسلىھەتنى ئابېلدا ئال، بارلىق دەۋالار ئۇندا ھەل بولار» دەپتىكەن. 19بىز ئىسرائىلىيەنىڭ تىنچلىقپەرۋەر، سادىق كىشىلىرىدىنمىز. سىلى ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ ئانا شەھىرىنى ۋەيران قىلماقچى بولدىلا. سىلى نېمىدەپ پەرۋەردىگارغا تەۋە بولغاننى يوق قىلماقچى بولۇۋاتىلا؟ _ دېدى.

20_ خۇدا ساقلىسۇن! _ دېدى يوئاب، _ مەن بۇ شەھەرنى ھەرگىز ۋەيران قىلماقچى ياكى يوق قىلماقچى ئەمەسمەن. 21ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىن بولغان بىكرىنىڭ ئوغلى شىبا دېگەن بىر ئادەم داۋۇت پادىشاھقا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەنىدى. پەقەت شۇ بىر كىشىنى تاپشۇرۇپ بەرسەڭلارلا بولدى، مەن بۇ شەھەردىن كېتىمەن.

_ بولىدۇ ئەمىسە، ئۇ ئادەمنىڭ كاللىسىنى سېپىلدىن سىلىگە تاشلاپ بېرىمىز، _ دېدى ئايال.

22شۇنىڭ بىلەن ئايال پۈتۈن شەھەر ئەھلىگە ئۆزىنىڭ دانا سۆزلىرىنى يەتكۈزدى. ئۇلار بىكرىنىڭ ئوغلى شىبانىڭ كاللىسىنى كېسىۋېلىپ، يوئابقا تاشلاپ بەردى. يوئاب بۇرغىسىنى چېلىشى بىلەن ئادەملىرى شەھەردىن چىقىپ، ئۆز ئۆيلىرىگە قايتىشتى. يوئاب يېرۇسالېمغا، يەنى داۋۇت پادىشاھنىڭ يېنىغا كەتتى.

داۋۇتنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ۋەزىپىلىرى

23يوئاب پۈتكۈل ئىسرائىلىيە قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى، يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايا كىرېتلەر بىلەن پىلېتلەردىن تەركىب تاپقان ياساۋۇللارنىڭ قوماندانى، 24ئادورام ھاشارچىلارنى باشقۇرغۇچى، ئاخىلۇدنىڭ ئوغلى يىھوشافات تەزكىرىچى، 25شىۋا باش پۈتۈكچى، زادوق بىلەن ئابىياتار روھانىي ئىدى. 26يائىرلىق ئىرا بولسا داۋۇتنىڭ خۇسۇسىي روھانىيسى ئىدى.


21

گىبئونلۇقلارنىڭ سائۇل جەمەتىدىن ئۆچ ئېلىشى

1داۋۇت تەختتىكى ۋاقتىدا ئۇدا ئۈچ يىل ئاچارچىلىق بولدى؛ داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا بېرىپ، ئىلتىجا قىلدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا:

_ سائۇل گىبئونلۇقلارنى قىرغىن قىلغان. بۇ ئاچارچىلىققا سائۇل ۋە ئۇنىڭ جەمەتىدىكىلەرنىڭ ئاشۇ قانخورلۇقى سەۋەبلىكتۇر، _ دېدى.

2گىبئونلۇقلار ئامورلارنىڭ قالدۇقلىرى بولۇپ، ئىسرائىللاردىن ئەمەس ئىدى. ئىسرائىللار ئىلگىرى ئۇلارنى ئۆلتۈرمەسلىككە قەسەم قىلغان بولسىمۇ، لېكىن سائۇل ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە خەلقى ئۈچۈن قىزىققانلىق بىلەن گىبئونلۇقلارنى يوقاتماقچى بولغان. داۋۇت پادىشاھ گىبئونلۇقلارنى چاقىرتىپ كېلىپ ئۇلاردىن:

3_ مەن سىلەرگە نېمە قىلىپ بېرەي؟ پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىگە بەخت تىلىشىڭلار ئۈچۈن بۇ گۇناھنى قانداق يۇياي؟ _ دەپ سورىدى.

4_ بىز سائۇل ۋە ئۇنىڭ جەمەتىدىكىلەردىن نە ئالتۇن، نە كۈمۈش تەلەپ قىلمايمىز، بىزنىڭ ئىسرائىللاردىن بىرەرسىنى ئۆلتۈرۈلۈش ھوقۇقىمىزمۇ يوق، _ دەپ جاۋاب بەردى گىبئونلۇقلار.

_ ئۇنداقتا، سىلەر نېمىنى تەلەپ قىلساڭلار، مەن شۇنى سىلەرگە بەجا كەلتۈرۈپ بېرەي، _ دېدى داۋۇت پادىشاھ.

5ئۇلار داۋۇتقا:

_ سائۇل بىزنى ئىسرائىلىيە تەۋەسىدە ياشىمىسۇن دەپ، قىرىپ يوقىتىشنى مەقسەت قىلغانىدى. 6شۇڭا ئۇنىڭ ئەۋلادىدىن يەتتە ئەر كىشى بىزگە تاپشۇرۇپ بېرىلسۇن. بىز ئۇلارنى پەرۋەردىگار گۇۋاھ بولسۇن دەپ، گىبئاھتا، يەنى پەرۋەردىگار تاللىغان پادىشاھ سائۇلنىڭ شەھىرىدە قەتل قىلىمىز، _ دېدى.

_ بولىدۇ، مەن ئۇلارنى قولۇڭلارغا تاپشۇرۇپ بېرەي، _ دېدى داۋۇت پادىشاھ.

7سائۇلنىڭ نەۋرىسى، يەنى يوناتاننىڭ ئوغلى مىفىبوشەتكە داۋۇت پادىشاھنىڭ ئىچى ئاغرىدى، چۈنكى ئۇ، پەرۋەردىگار گۇۋاھ بولسۇن دەپ، سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتان بىلەن قەسەم ئىچكەنىدى. 8سائۇلنىڭ ئارمونى ۋە مىفىبوشەت دېگەن ئوغۇللىرى بولۇپ، ئۇلار ئايياھنىڭ قىزى رىزپاھتىن تۇغۇلغانىدى. سائۇلنىڭ قىزى مېراب مىخولالىق بارزىللاينىڭ ئوغلى ئادرائىلدىن بەش ئوغۇل كۆرگەنىدى. 9داۋۇت بۇ ئوغۇللارنىڭ ھەممىسىنى گىبئونلۇقلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى. گىبئونلۇقلار بۇ يەتتە ئوغۇلنى تاغدا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قەتل قىلدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىرگە جان بەردى.

بۇ ۋەقە يۈز بەرگەندە، ئارپا ئورمىسى ئەمدى باشلانغانىدى. 10ئايياھنىڭ قىزى رىزپاھ جەسەتلەرنىڭ يېنىغا بېرىپ، بىر قورام تاشنىڭ ئۈستىگە بۆز رەخت يايدى. ئۇ ئورما باشلانغاندىن تارتىپ تاكى ئورما تۈگەپ، جەسەتلەرنىڭ ئۈستىگە ئاسماندىن يامغۇر ياغقانغا قەدەر جەسەتلەرنى كۈندۈزى قاغا-قۇزغۇنلاردىن، كېچىسى ياۋايى ھايۋانلاردىن قوغدىدى.

11ئايياھنىڭ قىزى، يەنى سائۇلنىڭ توقىلى رىزپاھنىڭ قىلغان بۇ ئىشلىرى توغرىسىدىكى خەۋەر داۋۇتقا يېتىپ كەلگەندە، 12داۋۇت گىلئادتىكى يابېشلارنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ، سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئوغلى يوناتاننىڭ ئۇستىخانلىرىنى ئالدى. (فىلىستىيەلىكلەر گىلبوۋا تېغىدا سائۇلنى ئۆلتۈرگەن كۈنى، ئۇنىڭ ۋە ئوغلىنىڭ جەسىتىنى بەيتشان مەيدانىغا ئېسىپ قويغانىدى. گىلئادتىكى يابېشلار ئۇ ئىككىسىنىڭ جەسىتىنى ئۇ يەردىن ئوغرىلاپ كەتكەنىدى.) 13داۋۇت سائۇل بىلەن يوناتاننىڭ ئۇستىخانلىرىنى ئۇ يەردىن ئەكەلدى، ئۇ يەنە قەتل قىلىنغان يەتتە كىشىنىڭ ئۇستىخانلىرىنىمۇ ئەكەلدۈردى. 14ئاندىن داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى بۇ ئۇستىخانلارنى بىنيامىن يۇرتىدىكى زېلادا سائۇلنىڭ ئاتىسى كىشنىڭ قەبرىستانلىقىغا قويدى. شۇنداق قىلىپ، پادىشاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىجرا قىلىندى. بۇ ئىشلاردىن كېيىن، خۇدا خەلقىنىڭ ئۆز زېمىنلىرى ئۈچۈن قىلغان دۇئالىرىغا جاۋاب بەردى.

فىلىستىيەلىكلەرنىڭ تۆت قېتىم مەغلۇپ قىلىنىشى

15فىلىستىيەلىكلەر بىلەن ئىسرائىللار ئوتتۇرىسىدا يەنە ئۇرۇش بولدى. داۋۇت ئۆز ئادەملىرى بىلەن بىرلىكتە فىلىستىيەلىكلەرگە قارشى ئۇرۇشقا ئاتلاندى. ئەمما ئۇرۇش جەريانىدا داۋۇت ھالسىراپ كەتتى. 16رافاھ خەلقىدىن بولغان يىشبى-بىنوب ئىسىملىك بىر پالۋان داۋۇتنى ئۆلتۈرمەكچى بولدى. ئۇنىڭ نەيزىسىنىڭ ئۇچىنىڭ ئېغىرلىقى ئۈچ يېرىم كىلو كېلەتتى، ئۇ يەنە بېلىگە يېڭى قىلىچ ئېسىۋالغانىدى. 17ئەمما مەزلۇم زىرۇيانىڭ ئوغلى ئابىشاي داۋۇتقا ياردەم بەردى. ئابىشاي ھېلىقى فىلىستىيەلىك پالۋان بىلەن ئېلىشىپ، ئۇنى ئۆلتۈردى. بۇ چاغدا داۋۇتنىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭغا:

_ ئىسرائىلىيەنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرۈپ قويماسلىقىمىز ئۈچۈن، بۇنىڭدىن ئېتىبارەن سىلى جەڭگە قاتناشسىلىرى بولمايدۇ، _ دېيىشتى.

18شۇنىڭدىن كېيىن، گوب دېگەن يەردە فىلىستىيەلىكلەر بىلەن يەنە بىر قېتىم ئۇرۇش بولدى. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا خۇشاھلىق سىببىكاي رافاھ خەلقىدىن بولغان ساف ئىسىملىك بىر پالۋاننى ئۆلتۈردى. 19گوبتا يۈز بەرگەن فىلىستىيەلىكلەر بىلەن بولغان يەنە بىر ئۇرۇشتا بەيتلەھەملىك يائىرنىڭ ئوغلى ئەلخانان گاتلىق گولياتنىڭ قېرىندىشىنى ئۆلتۈردى. بۇ ئادەمنىڭ نەيزىسىنىڭ دەستىسى دەستىگاھنىڭ ئوقىدەك توم ئىدى. 20كېيىن گاتتا يەنە بىر مەيدان ئۇرۇش بولدى. بۇ ئۇرۇشقا ناھايىتى بەستلىك بىر ئادەم قاتناشقان بولۇپ، ئۇنىڭ قول ۋە پۇتىدا ئالتىدىن، جەمئىي يىگىرمە تۆت بارماق بار ئىدى. ئۇمۇ رافاھ خەلقىدىن ئىدى. 21بۇ ئادەم ئىسرائىللارنى ھاقارەتلىگەنلىكى ئۈچۈن، داۋۇتنىڭ ئاكىسى شامماھنىڭ ئوغلى يوناتان ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. 22بۇ تۆت فىلىستىيەلىك پالۋان گات شەھىرىدىكى رافاھ خەلقىدىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى.


22

داۋۇتنىڭ مۇناجاتى*

1پەرۋەردىگار داۋۇتنى بارلىق دۈشمەنلىرى ۋە پادىشاھ سائۇلنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغان كۈنى داۋۇت بۇ مۇناجاتنى پەرۋەردىگارغا ئوقۇغان:

2-3قورام تېشىم، قورغىنىم، نىجاتكارىم پەرۋەردىگاردۇر،

ماڭا پاناھ بولىدىغان گىگانت تېغىم، باشپاناھىم،

قالقىنىم، يېڭىلمەس قۇتقۇزغۇچىم خۇدايىمدۇر.

ئۇ ئازاد قىلغۇچىم، زوراۋانلىقتىن ساقلىغۇچىمدۇر.

4ئىلتىجا قىلسام مەدھىيەلەر ئىگىسى پەرۋەردىگارغا،

دۈشمەنلىرىم قوللىرىدىن قۇتقۇزۇلارمەن شۇندىلا.

5ئۆلۈم دولقۇنلىرى ئورىۋالدى مېنى،

ھالاكەت سەللىرى چۈمكىدى مېنى.

6گۆرىستان تانىلىرىدا باغلاندىم،

ئۆلۈم تۇزاقلىرىغا دۇچ كەلدىم.

7ئېغىر كۈلپەت ئارا ئىلتىجا قىلدىم پەرۋەردىگارغا،

ياردەم تەلەپ قىلدىم پەرياد كۆتۈرۈپ خۇدايىمغا.

ئاۋازىمنى ئاڭلىدى پەرۋەردىگار دەرگاھىدا،

ئاھۇزارىم يېتىپ باردى ئۇنىڭ قۇلىقىغا.

8شۇ چاغ زېمىن سىلكىنىپ، يەر تەۋرىدى،

ئەرشنىڭ ئۇلى تىترەپ، مىدىرلىدى،

چۈنكى خۇدا دەرغەزەپكە كەلگەنىدى.

9چىقتى خۇدانىڭ بۇرنىدىن ئىس-تۈتەكلەر،

ئېتىلدى خۇدانىڭ ئاغزىدىن ئوت-لاۋىلار،

لاۋۇلداپ كۆيەتتى ھەتتا قىپقىزىل چوغلار.

10كۆكنى يېرىپ يەر تامان چۈشكەندە خۇدا،

تۇراتتى قارا بۇلۇتلار ئايىغىنىڭ ئاستىدا.

11ئۇ مىنىپ ئۇچتى بىر «كېرۇب*»قا،

پەرۋاز قىلدى شامالنىڭ قاناتلىرىدا.

12يېپىنچا قىلغانىدى ئۇ قاراڭغۇلۇقنى،

يامغۇرنىڭ قويۇق، قارا بۇلۇتلىرى قورشاپ تۇراتتى ئۇنى.

13يورۇتقانىدى ئالدىنى پارلاق نۇرى،

ياغدۇرۇپ مۆلدۈر ۋە قىپقىزىل چوغلارنى.

14پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى گۈلدۈرلەپ ئاسماندا

ياڭرىتىپ ئاۋازىنى بۈيۈك خۇدا.

15تارقىتىۋەتتى خۇدا دۈشمەنلىرىنى، ياغدۇرۇپ ئوقلىرىنى،

چاقماقلار چاقتۇرۇپ تىرىپىرەن قىلىپ ئۇلارنى.

16پەرۋەردىگارنىڭ تەنبىھىدىن،

قەھرلىك تىنىقىڭنىڭ زەربىسىدىن،

كۆرۈنۈپ قالدى دېڭىزنىڭ تېگى،

ئېچىلىپ قالدى زېمىننىڭ ئۇلى.

17پەرۋەردىگار كۆكتىن سۇنۇپ قولىنى،

چوڭقۇر سۇلاردىن تارتىپ ئالدى مېنى.

18قۇتقۇزدى مېنى ۋەھشىي دۈشمىنىمدىن،

ماڭا ئۆچ بولغانلاردىن،

چۈنكى ئۇلار كۈچلۈك ئىدى مەندىن.

19ئاپەتلىك كۈنلىرىمدە ھۇجۇم قىلدى ئۇلار ماڭا،

پەرۋەردىگار يار-يۆلىكىم بولدى ئەمما.

20ئۇ مەندىن خۇرسەن بولغاچ نىجاتلىق بەردى ماڭا،

ئېلىپ چىقتى مېنى ھەم بىخەتەر جايغا.

21ھەققانىيلىقىم ئۈچۈن ياخشىلىق قىلدى پەرۋەردىگار،

قولۇمنىڭ پاكلىقىدىن ئىنئام بەردى ماڭا.

22چۈنكى مېڭىپ كەلدىم پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا،

رەزىللىك قىلىپ، ئاسىيلىق قىلمىدىم خۇدايىمغا.

23كۆز ئالدىمدا بولدى دائىم ئۇنىڭ بارلىق ھۆكۈملىرى،

بىر ياققا قايرىپ قويمىدىم ھەم ئۇنىڭ پەرمانلىرىنى.

24ئۇنىڭ ئالدىدا غۇبارسىز بولدۇم،

ئۆزۈمنى گۇناھ قىلىشتىن ساقلىدىم.

25مەن پاك، ھەققانىي بولغاچقا،

پەرۋەردىگار ئىنئام بەردى ماڭا.

26ۋاپادارلارغا كۆرسىتىسەن ۋاپادارلىقىڭنى،

ھەققانىي ئادەملەرگە ھەققانىيلىقىڭنى.

27پاكلىقىڭنى كۆرسىتىسەن پاك ئادەملەرگە،

لايىقىدا جاۋاب قايتۇرىسەن نىيىتى ئەگرىلەرگە.

28قۇتقۇزىسەن چارىسىز، بىچارىلارنى،

كۆزىتىپ، يەرگە ئۇرىسەن ھاكاۋۇرلارنى.

29پەرۋەردىگار، سەن مېنىڭ ھاياتلىق چىرىغىمسەن،

پەرۋەردىگار، زۇلمىتىمنى يورۇقلۇققا ئايلاندۇرىسەن.

30ساڭا تايىنىپ، دۈشمەن قوشۇنىغا ھۇجۇم قىلالايمەن،

ئى خۇدايىم، ياردىمىڭدە سېپىللاردىن بۆسۈپ ئۆتەلەيمەن.

31خۇدانىڭ يولى مۇكەممەل يولدۇر،

ئۇنىڭ ئېيتقان سۆزلىرى ھەقىقەتتۇر.

پاناھ ئىزدىگۈچىلەرگە خۇدا بىر قالقاندۇر.

32پەرۋەردىگاردىن باشقا كىمدۇر خۇدا؟

خۇدايىمىزدىن باشقا كىم بولار قورام تاشتەك باشپاناھ؟

33خۇدادۇر مۇستەھكەم قورغىنىم،

يولۇمنى ئەيىب-نۇقسانسىز قىلغۇچى.

34كېيىكنىڭكىدەك يۈگۈرۈك قىلىپ ئۇ پۇتلىرىمنى،

ئېگىز تاغلاردا ھەم مەزمۇت تۇرغۇزدى مېنى.

35قوللىرىمنى ئۆگەتتى ئۇ جەڭ قىلىشقا،

بىلەكلىرىمنى تۇچ ئوقيانى تارتىشقا.

36ئى ئىگەم، بەردىڭ ماڭا نىجاتلىق قالقىنىڭنى،

مۇلايىملىقىڭ يۈكسەك قىلدى مېنى،

37بىخەتەر قىلغاچ سەن باسقان ھەر بىر قەدىمىمنى،

تېيىلماستىن مېڭىپ يۈرىمەن يوللىرىمنى.

38قوغلاپ يۈرۈپ ھالاك قىلدىم دۈشمەنلىرىمنى،

قايتمىدىم كەينىمگە يوقاتماستىن ئۇلارنى.

39مەن ئۇلارنى يانجىۋەتتىم، تۇرالماس قايتا،

يىقىلدى ئۇلار پۇتلىرىمنىڭ ئاستىغا.

40جەڭگە باغلىدىڭ كۈچ-قۇدرەت بىلەن بېلىمنى،

باش ئەگدۈردۈڭ پۇتلىرىمغا ماڭا ھۇجۇم قىلغانلارنى.

41چېكىنىشكە مەجبۇر قىلدىڭ رەقىبلىرىمنى،

يوقاتتىم ماڭا ئۆچ بولغانلارنى.

42ئۇلار تۆت كۆز بىلەن ئىزدىسىمۇ، چىقمىدى قۇتقۇزىدىغانلار،

نالە قىلىپ يالۋۇرسىمۇ جاۋاب بەرمىدى پەرۋەردىگار.

43ئېزىۋەتتىم ئۇلارنى يەردىكى تۇپراقدەك،

چەيلىۋەتتىم ئۇلارنى كوچىدىكى پاتقاقتەك.

44خەلقىم بىلەن قارشىلىشىشتىن مۇستەسنا قىلدىڭ مېنى.

باش قىلىپ كەلدىڭ مېنى يات ئەللەرگە،

قىلماقتا ئۇلار مېنىڭ خىزمىتىمنى.

45تەسلىم بولىدۇ يات ئەللەر شۈمشىيىپ ئالدىمدا،

ئاۋازىمنى ئاڭلاش بىلەن بويسۇنار ئۇلار ماڭا.

46جاسارىتىنى يوقاتقان يات ئەللەر،

تىترىگەن ھالدا قورغانلىرىدىن چىقىشار.

47مەڭگۈ ھاياتتۇر پەرۋەردىگار!

ئۇ قورام تېشىمغا ئېيتىلسۇن ھەمدۇسانا،

ئۇلۇغلانسۇن قورام تاشتەك نىجاتكارىم خۇدا!

48خۇدادۇر قىساس ئېلىپ بەرگۈچى ماڭا،

بويسۇندۇرغۇچىدۇر خەلقلەرنى قول ئاستىمغا.

49قۇتقۇزدۇڭ مېنى دۈشمەنلىرىمدىن،

ئۈستۈن قىلدىڭ ماڭا ھۇجۇم قىلغانلاردىن،

قۇتۇلدۇردۇڭ ھەم زوراۋانلاردىن.

50ئى پەرۋەردىگار، ساڭا رەھمەت ئېيتىمەن ياتلار ئالدىدا،

مەدھىيە كۈيى ئوقۇيمەن نامىڭغا.

51پەرۋەردىگار ئېرىشتۈرەر ئۆزى تىكلىگەن پادىشاھنى ئۇلۇغ غەلىبىگە،

ئۇ بېغىشلار مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىنى ئۆزى تاللىغان پادىشاھقا _

تائەبەد داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا.



*22:0 داۋۇتنىڭ مۇناجاتى _ زەبۇرنىڭ 18-كۈيىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ.

*22:11 كېرۇب _ ئەرشتە ياشايدىغان ئىنتايىن كۈچلۈك بىر خىل قاناتلىق مەخلۇق. ئەينى ۋاقىتتا زېمىندا بۇ مەخلۇقنىڭ ئىككى ھەيكىلى بولغان بولۇپ، ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۈستىگە ئورنىتىلغان. خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ يەنە بىر ئىسمى «خۇدانىڭ تەختى»دۇر. «تەۋرات. ئالەمنىڭ يارىتىلىشى» 24:3كە قارالسۇن.



 

23

داۋۇتنىڭ ۋەسىيەتلىرى

1يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇتنى خۇدا يۈكسەك قىلغاندۇر، ياقۇپ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئۇنى تاللاپ پادىشاھ قىلغاندۇر. ئۇ ئىسرائىلىيەنىڭ سۆيۈملۈك مۇناجاتچىسىدۇر. داۋۇتنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرى مۇنۇلاردىن ئىبارەت:

2پەرۋەردىگارنىڭ روھى مەن ئارقىلىق سۆزلىدى،

مېنىڭ تىلىمدىدۇر ئۇنىڭ سۆزلىرى.

3ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا سۆزلىدى،

يەنى ئىسرائىللارنى قوغداپ كەلگەن قورام تاش ماڭا شۇنداق دەيدۇكى:

«خەلقنى ئادالەت بىلەن باشقۇرغۇچى،

خۇدادىن ئەيمىنىپ ھۆكۈم سۈرگۈچى،

4ئوخشار خۇددى بۇلۇتسىز سەھەردىكى يېڭى كۆتۈرۈلگەن قۇياشقا،

ئوخشار خۇددى يامغۇردىن كېيىن ئوت-چۆپلەرنى پارقىراتقان قۇياشقا.»

5مېنىڭ جەمەتىم خۇدا ئالدىدا ئەنە شۇنداق ئەمەسمۇ؟

مەن بىلەن خۇدا مەڭگۈلۈك ئەھدە تۈزمىگەنمۇ؟

بۇ ئەھدە تولۇق رەتلەنگەن بولۇپ، ئىشەنچلىكتۇر.

ئۇ مېنى ئازاد قىلار، ئارزۇ-ئارمانلىرىمغا يەتكۈزەر.

6ئوخشار ئوسال ئادەملەر تاشلىۋېتىلگەن تىكەنگە،

تۇتقىلى بولماس ئۇلارنى قولدا.

7تىكەنلەرنى تۇتۇشتا، تۆمۈر ئەسۋاب ياكى نەيزىنىڭ سېپى ئىشلىتىلەر،

ۋە ئۇلار ياتقان يېرىدە كۆيدۈرۈلۈپ، كۈلى كۆككە سورۇلار.

داۋۇتنىڭ باھادىرلىرى

8داۋۇتنىڭ لەشكەرلىرى ئىچىدىكى باھادىرلارنىڭ ئىسىملىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

بىرىنچىسى تاخكىمونلۇق يوشىب-باسشەبەت بولۇپ، ئۇ «ئۈچ باھادىر»نىڭ بېشى ئىدى. بىر قېتىملىق جەڭدە نەيزىسى بىلەن سەككىز يۈز ئادەمنى ئۆلتۈرىدۇ.

9«ئۈچ باھادىر»نىڭ ئىككىنچىسى ئاخوۋا ئۇرۇقىدىن بولغان دودونىڭ ئوغلى ئەلئازار ئىدى. ئۇ ئۇرۇشۇشقا يىغىلغان فىلىستىيەلىكلەرگە قارشى تۇرۇشتا داۋۇت بىلەن بىرگە بولغان بولۇپ، كېيىن ئىسرائىل لەشكەرلىرى چېكىنىپ كېتىدۇ. 10ئەلئازار ئۆز ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، قوللىرىنىڭ پەيلىرى تارتىشىپ كەتكۈچە فىلىستىيەلىكلەرنى قىرىدۇ. شۇ كۈنى پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا زور غەلىبە ئاتا قىلىدۇ. كېيىن ئىسرائىل لەشكەرلىرى ئۆلگەن فىلىستىيەلىكلەرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش ئۈچۈن يەنە قايتىپ كېلىدۇ.

11«ئۈچ باھادىر»نىڭ ئۈچىنچىسى ھارارلىق ئاگېنىڭ ئوغلى شامماھ ئىدى. بىر قېتىم فىلىستىيەلىكلەر لەخى دېگەن جايدا بىر پۇرچاق ئېتىزلىقىنىڭ يېنىغا يىغىلىدۇ، ئىسرائىل لەشكەرلىرى بۇ چاغدا قېچىپ كېتىدۇ. 12شامماھ ھېلىقى ئېتىزلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا چىڭ تۇرۇپ، فىلىستىيەلىكلەرنى قىرىۋېتىدۇ ۋە ئېتىزلىقنىمۇ قوغداپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا زور غەلىبە ئاتا قىلىدۇ.

13-14بىر قېتىم ئورما ۋاقتىدا، داۋۇتنىڭ لەشكەرلىرى ئارىسىدا «ئوتتۇز باھادىر» دەپ ئاتالغان باھادىرلاردىن «ئۈچ باھادىر» داۋۇت بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن «ئادۇللام» دېگەن غارغا بارىدۇ. داۋۇت تاغدىكى شۇ غاردا پاناھلىنىۋاتقانىدى.

بۇ چاغدا فىلىستىيەلىك لەشكەرلەرنىڭ بىر قاراۋۇل ئەترىتى رافائىم جىلغىسىدا بارگاھ قۇرىدۇ، يەنە بىر قىسىم فىلىستىيەلىكلەر بولسا بەيتلەھەمنى ئىگىلىۋالىدۇ.

15داۋۇت تەشنالىق بىلەن:

_ بىرەرسى ماڭا بەيتلەھەمنىڭ دەرۋازىسى يېنىدىكى قۇدۇقتىن سۇ ئەكېلىپ بەرگەن بولسا ئىدى! _ دەيدۇ.

16ھېلىقى «ئۈچ باھادىر» فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بارگاھىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، بەيتلەھەمنىڭ دەرۋازىسى يېنىدىكى قۇدۇقتىن سۇ تارتىپ ئېلىپ، سۇنى داۋۇتقا ئەكېلىپ بېرىدۇ. لېكىن داۋۇت سۇنى ئىچىشنى خالىماي، ئۇنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ يەرگە تۆكۈۋېتىدۇ، ھەمدە:

17_ ئى پەرۋەردىگار، مېنى بۇ سۇنى ئىچىشتىن ساقلىغايسەن. بۇ سۇ، ھاياتىنى ئۆلۈمگە تىكىپ قويۇپ، سۇ ئالغىلى بارغان «ئۈچ باھادىر»نىڭ قېنىدەك قىممەتلىك ئەمەسمۇ؟ _ دەيدۇ ۋە شۇ سەۋەبلىك سۇنى ئىچىشتىن باش تارتىدۇ. مانا بۇ «ئۈچ باھادىر»نىڭ كۆرسەتكەن جەسۇرلۇقلىرىدۇر.

18مەزلۇم زىرۇيانىڭ ئوغلى، يوئابنىڭ ئاكىسى ئابىشاي «ئوتتۇز باھادىر»نىڭ بېشى ئىدى. ئۇ نەيزىسىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا ئۈچ يۈز ئادەمنى ئۆلتۈرىدۇ ۋە «ئۈچ باھادىر»دەك شۆھرەتكە ئېرىشىدۇ. 19ئۇ «ئوتتۇز باھادىر»نىڭ ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىقى بولۇپ، ئۇلارنىڭ بېشى ئىدى. بىراق ئۇ «ئۈچ باھادىر»نىڭ ئىچىدە ئەمەس ئىدى.

20يىھويادانىڭ ئوغلى قابزايىللىق بىنايا جەسۇر جەڭچى بولۇپ، نۇرغۇن چوڭ ئىشلارنى قىلىدۇ. ئۇ موئابلارنىڭ كۈچلۈك لەشكىرىدىن ئىككىنى ئۆلتۈرىدۇ. قار ياغقان بىر كۈنى ئۇ ئورىغا چۈشۈپ، بىر شىرنى ئۆلتۈرىدۇ. 21ئۇ يەنە بەستى كېلىشكەن بىر مىسىرلىقنى ئۆلتۈرىدۇ. ئۇ مىسىرلىقنىڭ قولىدا بىر نەيزە بار ئىدى. بىنايا مىسىرلىقنىڭ يېنىغا كالتەك بىلەنلا ھۇجۇم قىلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ قولىدىكى نەيزىسىنى تارتىۋېلىپ، ئاشۇ نەيزە بىلەن ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ. 22بۇلار يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايانىڭ قىلغان ئىشلىرىدۇر. شۇڭا ئۇمۇ «ئۈچ باھادىر»دەك شۆھرەتكە ئېرىشىدۇ. 23ئۇنىڭ داڭقى «ئوتتۇز باھادىر»نىڭكىدىن ئۈستۈن بولسىمۇ، بىراق «ئۈچ باھادىر»نىڭ ئىچىدە ئەمەس ئىدى. داۋۇت بىنايانى ياساۋۇللار باشلىقى قىلىدۇ.

24تۆۋەندىكىلەرمۇ «ئوتتۇز باھادىر»لاردىن ئىدى:

يوئابنىڭ ئىنىسى ئاسائېل،

دودونىڭ ئوغلى بەيتلەھەملىك ئەلخانان،

25خارودلۇق شامماھ،

خارودلۇق ئەلىقا،

26پالاتلىق خەلەز،

ئىققېشنىڭ ئوغلى تىقوۋالىق ئىرا،

27ئاناتوتلۇق ئابىئەزەر،

خۇشاھلىق مىبۇنناي،

28ئاخوۋاخلىق زالمون،

نىتوفالىق ماھراي،

29نىتوفالىق بائانانىڭ ئوغلى خېلەب،

بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان گىبئاھلىق رىباينىڭ ئوغلى ئىتاي،

30پىرئاتونلۇق بىنايا،

گائاش سايلىقىدىن كەلگەن ھىدداي،

31ئارابالىق ئابى-ئالبون،

باخۇرىملىق ئازماۋەت،

32شائالبىملىق ئەلياخبا،

ياشېننىڭ ئوغۇللىرى ۋە يوناتان،

33ھارارلىق شامماھ،

شارارنىڭ ئوغلى ھارارلىق ئاخىئام،

34مائاكالىق ئاخاسبانىڭ ئوغلى ئەلىفەلەت،

جىلولۇق ئاخىتوفەلنىڭ ئوغلى ئەلىئام،

35كارمەللىك خەزرو،

ئاربىلىق پائاراي،

36زوباھلىق ناتاننىڭ ئوغلى يىگال،

گادلىق بانى،

37ئاممونلاردىن بولغان زەلەق،

بەئەروتلۇق ناخراي (ناخراي زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئابنىڭ ياراغ كۆتۈرگۈچىسى ئىدى)،

38يىترىلاردىن بولغان ئىرا بىلەن گارېب

39ۋە خىت خەلقىدىن بولغان ئۇرىيا.

ئۇلار ھەممىسى بولۇپ ئوتتۇز يەتتە كىشى ئىدى.


24

داۋۇتنىڭ لەشكەرلەرنى ساناپ رويخەتكە ئېلىشى

1ئىسرائىللارغا پەرۋەردىگارنىڭ يەنە غەزىپى كەلدى-دە، داۋۇت پادىشاھنى ئىسرائىللارغا قارشى قويۇپ، ئۇنىڭغا: «سەن بېرىپ، ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەنىڭ جەڭ قىلىشقا قادىر ئادەملىرىنى ساناپ چىق!» دېدى.

2شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئۆز قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى يوئابقا بۇيرۇق قىلىپ:

_ سىلەر ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنى داندىن تاكى بەئەرشەباغىچە ئارىلاپ، جەڭ قىلىشقا قادىر ئادەملەرنى ساناپ چىقىڭلار، مەن ئۇلارنىڭ سانىنى بىلىشىم كېرەك، _ دېدى.

3ۋاھالەنكى، يوئاب پادىشاھتىن:

_ پەرۋەردىگار خۇدالىرى لەشكەرلەرنىڭ ھازىرقى سانىنى يۈز ھەسسە ئاشۇرغاي. پادىشاھ ئالىيلىرىغا ئۇلارنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرۈش نېسىپ بولغاي. پادىشاھ ئالىيلىرى، نېمە سەۋەبتىن بۇنداق قىلىشنى ئىستەپ قالدىلا؟ _ دەپ سورىدى.

4لېكىن پادىشاھنىڭ سۆزى يوئاب ۋە سەركەردىلەرنىڭ سۆزىدىن ئۈستۈن كەلدى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىدىن چىقىپ، ئىسرائىللارنىڭ لەشكەرلىرىنى ساناشقا يۈرۈپ كەتتى.

5ئۇلار ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، دەريا ۋادىسىدىكى ئاروئېر شەھىرىدە ۋە ۋادىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى باشقا بىر شەھەردە لەشكەرلەرنى ساناشقا كىرىشتى. كېيىن ئۇلار گاد زېمىنىنى بېسىپ ئۆتۈپ، ئۇ يەردىن يازېر شەھىرىگىچە باردى. 6كېيىن ئۇلار يەنە گىلئادقا ۋە خىتلارنىڭ زېمىنىدىكى كادېش شەھىرىگە باردى. ئۇلار ئۇ يەردىن دان-يائانغا بېرىپ، سىدوننى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، 7تىر قەلئەسىگە، كېيىن يەنە خىۋلار ۋە كەنئانلىقلارنىڭ ھەممە شەھەرلىرىگە باردى. ئاخىرىدا ئۇلار يەھۇدىيەنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى بەئەرشەباغا يېتىپ باردى. 8ئۇلار پۈتۈن زېمىننى ئايلىنىپ چىقىپ، توققۇز ئاي يىگىرمە كۈن بولغاندا يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدى. 9يوئاب لەشكەرلەرنى تىزىملاش ئەھۋالىدىن پادىشاھقا مەلۇمات بېرىپ، مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيەدە جەڭ قىلىشقا قادىر سەككىز يۈز مىڭ ئادەم، يەھۇدىيەدە بېش يۈز مىڭ ئادەم بار ئىكەن.

پەرۋەردىگارنىڭ داۋۇتنى جازالىشى

10داۋۇت لەشكەرلەرنىڭ سانىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، ۋىجدانى قاتتىق ئازابلاندى. ئۇ پەرۋەردىگارغا:

_ لەشكەرلەرنىڭ سانىنى ئېلىپ ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزۈپتىمەن. ئاھ پەرۋەردىگار! قۇلۇڭنىڭ گۇناھىدىن كەچكەيسەن، مەن تولىمۇ ئەخمىقانە ئىش قىلىپتىمەن! _ دېدى.

11-12ئەتىسى داۋۇت ئورنىدىن تۇرغاندا، داۋۇتنىڭ خىزمىتىدە بولۇۋاتقان غايىبنى بىلگۈچى گادقا پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كېلىپ، مۇنداق دېدى: «سەن بېرىپ داۋۇتقا ئېيتقىن، مەنكى پەرۋەردىگار، سېنىڭ ئالدىڭغا ئۈچ تۈرلۈك جازانى قويىمەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرنى تاللىۋال، تاللىغان شۇ جازايىڭنى مەن ساڭا چۈشۈرىمەن.»

13شۇنىڭ بىلەن گاد، داۋۇتنىڭ ھۇزۇرىغا بېرىپ، مۇنداق دېدى:

_ زېمىنلىرىدا يەتتە يىل ئاچارچىلىق بولسۇنمۇ؟ ياكى دۈشمەنلىرىنىڭ ئالدىدا ئۈچ ئاي قېچىپ يۈرەملا؟ ياكى بولمىسا زېمىنلىرىدا ئۈچ كۈن ۋابا تارقالسۇنمۇ؟ بۇلارنى ياخشىراق ئويلاپ كۆرسىلە، مېنى ئەۋەتكۈچىگە قايسى جاۋابنى بېرىشىم كېرەك.

14داۋۇت گادقا مۇنداق دېدى:

_ مەن ئېغىر ئەھۋالدا قالدىم. نېمىلا بولمىسۇن ئىنسانلارنىڭ قولىغا ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگارنىڭ قولىغا چۈشەيلى. چۈنكى ئۇ مېھىر-شەپقەتلىكتۇر.

15شۇنداق قىلىپ، پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيەگە شۇ كۈنى سەھەردىن باشلاپ بەلگىلەنگەن ۋاقىتقىچە ۋابا تارقاتتى. داندىن بەئەرشەباغىچە بولغان زېمىندا 70 مىڭ ئادەم ئۆلدى. 16پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى يېرۇسالېمنى ۋەيران قىلىشقا قول كۆتۈرگەندە، پەرۋەردىگار ئۇلارنى جازالاش نىيىتىدىن ياندى ۋە ۋەيران قىلغۇچى پەرىشتىگە:

_ يېتەر ئەمدى، قولۇڭنى تارت! _ دېدى.

ئۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى يىبۇسلاردىن بولغان ئاراۋنانىڭ خامىنىدا تۇراتتى.

17داۋۇت خەلقنى قىرغان پەرىشتىنى كۆرۈپ، پەرۋەردىگارغا:

_ گۇناھ قىلغان مەن، رەزىللىك قىلغان مەن، قويدەك بىگۇناھ بۇ خەلق نېمە گۇناھ قىلدى؟ مېنى ۋە ئاتا جەمەتىمنى جازالىغايسەن! _ دېدى.

داۋۇتنىڭ توۋا قىلىپ قۇربانلىق سۇنۇشى

18غايىبنى بىلگۈچى گاد شۇ كۈنى داۋۇت پادىشاھنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا:

_ سىز يىبۇسلاردىن بولغان ئاراۋنانىڭ خامىنىغا بېرىپ، ئۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى سېلىڭ، _ دېدى.

19داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ گاد ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە دەل شۇ يەرگە باردى. 20ئاراۋنا داۋۇت پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنىڭ ئۆزى تەرەپكە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ، يەرگە باش قويۇپ، پادىشاھقا تەزىم قىلدى ۋە:

21_ ئى پادىشاھ ئالىيلىرى، قانداقلارچە پېقىرلىرىنىڭكىگە قەدەم تەشرىپ قىلىپ قالدىلىكىن؟ _ دەپ سورىدى،

داۋۇت پادىشاھ:

_ خەلق ئىچىگە تارقالغان ۋابانى يوقىتىش ئۈچۈن سېنىڭ مۇشۇ خامىنىڭنى سېتىۋېلىپ، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بۇ يەرگە بىر قۇربانلىق سۇپىسى سالاي دەيمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى.

22_ پادىشاھ ئالىيلىرى، ئېلىۋەرسىلە! نېمىنى خالىسىلىرى شۇنى قۇربانلىق قىلغايلا. مانا، بۇ يەردە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن ئۆكۈزلىرىمنى، ئوتۇن ئۈچۈن خامان تېپىدىغان ياغاچ تاختامنى ۋە ئۆكۈزلەرنىڭ بويۇنتۇرۇقلىرى تۇرۇپتۇ. 23پادىشاھ ئالىيلىرى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پېقىر، ئۆزلىرىگە ئىنئام قىلاي، پەرۋەردىگار ئۆزلىرىدىن رازى بولسۇن، _ دېدى ئاراۋنا.

24_ ياق! مەن بۇلارنى ئۆز باھاسىدا سېتىۋالىمەن، بىكارغا كەلگەن نەرسىلەرنى پەرۋەردىگار خۇدايىمغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلمايمەن، _ دېدى پادىشاھ ئاراۋناغا.

شۇنىڭ بىلەن داۋۇت خامان ۋە ئۆكۈزلەرنى 50 كۈمۈش تەڭگىگە سېتىۋالدى. 25داۋۇت شۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى سېلىپ، كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇندى. پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيە زېمىنى ئۈچۈن قىلىنغان دۇئالارنى قوبۇل قىلدى، شۇنداق قىلىپ ۋابا ئىسرائىللار ئارىسىدىن يوقالدى.