« سالونىكالىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت »




1

1مەنكى، پاۋلۇس ۋە مەن ئارقىلىق سىلاس ھەمدە تىموتىيدىن خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولۇپ، سالونىكا شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە سالام. 2خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھ سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي!

ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدە رىغبەتلەندۈرۈلۈش

3قېرىنداشلار، سىلەر ئۈچۈن خۇداغا ھەر دائىم شۈكۈر ئېيتىشنى بۇرچىمىز دەپ بىلىمىز. چۈنكى، ئېتىقادىڭلار بارغانسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ، بىر-بىرىڭلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭلارمۇ چوڭقۇرلىشىۋاتىدۇ. 4شۇڭا، بىز خۇداغا مەنسۇپ بولغان ھەرقايسى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئارىسىدا سىلەردىن پەخىرلىنىمىز. چۈنكى، سىلەر بېشىڭلارغا كەلگەن ھەر خىل زىيانكەشلىك ۋە قىيىن ئەھۋاللارغا بەرداشلىق بەردىڭلار ۋە ئېتىقادىڭلاردىن تەۋرەنمىدىڭلار.

5سىلەرنىڭ بۇنداق قىيىن ئەھۋاللاردا ئېتىقادىڭلاردىن تەۋرەنمىگەنلىكىڭلار خۇدانىڭ قىيامەت كۈنىدە چىقىرىدىغان ھۆكۈمىنىڭ ئادىل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، خۇدا سىلەرنىڭ قىيىن ئەھۋاللاردىمۇ ئېتىقادىڭلاردا چىڭ تۇرىدىغانلىقىڭلاردىن سىلەرنى ئۆز پادىشاھلىقىدا ياشاشقا لايىق ھېسابلايدۇ. سىلەر مانا شۇ پادىشاھلىق ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەت چېكىۋاتىسىلەر. 6خۇدا ئادىلدۇر. ئۇ سىلەرگە ئازاب-ئوقۇبەت كەلتۈرگەنلەرنىڭ تېگىشلىك جازاسىنى بېرىدۇ. 7شۇنداقلا، رەببىمىز ئەيسا قۇدرەتلىك پەرىشتىلەر ۋە يالقۇنلۇق ئوت بىلەن ئەرشتىن قايتا كەلگەن چاغدا، خۇدا ئازاب-ئوقۇبەت چەككەن سىلەرگە ۋە بىزگە ئاراملىق بېرىدۇ. 8شۇ چاغدا، رەببىمىز ئەيسا خۇدانى تونۇشنى خالىمىغانلارنى ۋە ئۆزى ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلمىغانلارنى جازالايدۇ. 9بۇنداق كىشىلەرنىڭ جازاسى مەڭگۈلۈك ھالاكەتتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلار رەببىمىزدىن ۋە ئۇنىڭ ئۇلۇغ كۈچ-قۇدرىتىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. 10ئۇ ۋاقىتتا، رەببىمىز ئۆزىنىڭ مۇقەددەس خەلقى تەرىپىدىن ئۇلۇغلىنىدۇ ۋە مەدھىيىلىنىدۇ. شۇنداقلا، سىلەرمۇ بىز يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرگە ئىشەنگەنلىكىڭلار ئۈچۈن، رەببىمىزنى مەدھىيىلىگەنلەر ئارىسىدا بولىسىلەر.

11شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز دائىم شۇنداق دۇئا قىلىمىزكى، سىلەرنى چاقىرغان خۇدا بۇ ئۇلۇغ چاقىرىقىغا مۇناسىپ ياشىشىڭلارغا ياردەم قىلغاي. ئۇ ئۆز كۈچ-قۇدرىتى بىلەن ياخشى نىيىتىڭلارنى ھەمدە ئېتىقادىڭلار بىلەن قىلغان ھەممە ئىشىڭلارنى ئەمەلگە ئاشۇرغاي. 12بۇنىڭ بىلەن، رەببىمىز ئەيسا مەسىھ سىلەر ئارقىلىق ئۇلۇغلىنىدۇ ۋە سىلەرمۇ ئۇ ئارقىلىق شان-شەرەپكە ئېرىشىسىلەر. بۇ، خۇدانىڭ ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتىدىن كېلىدۇ. 




2

خۇداغا قارشى چىققۇچى

1قېرىنداشلار، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ قايتا كېلىدىغان ھەمدە بىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىر يەرگە جەم بولىدىغان كۈنىمىز توغرىسىدا سىلەردىن شۇنى ئۆتۈنۈپ سورايمىزكى، 2ئەگەر سىلەر «رەببىمىزنىڭ قايتىپ كېلىدىغان كۈنى يېتىپ كەلدى» دېگەن سۆزنى ئاڭلىساڭلار، ھودۇقۇپ كەتمەڭلار، قورقۇپمۇ كەتمەڭلار. بۇنداق سۆزنى قىلغۇچىلار مەيلى ئۇنى خۇدادىن كەلگەن ۋەھىيدىن ياكى باشقىلارنىڭ تەلىمىدىن ئاڭلىدۇق ياكى بولمىسا بىزنىڭ نامىمىزدا يېزىلغان خەتلەردىن كۆردۇق دېسىمۇ، ئۇنىڭغا ئىشەنمەڭلار. 3ھەرقانداق ئادەم ھەرقانداق ئۇسۇل بىلەن سىلەرنى ئالداپ كەتمىسۇن. چۈنكى، ئاخىر زاماندا خۇداغا قارشى چوڭ توپىلاڭ يۈز بەرمىگۈچە ۋە مەڭگۈلۈك ھالاكەتكە مەھكۇم قىلىنغۇچى، يەنى «خۇداغا قارشى چىققۇچى» ئاشكارىلانمىغۇچە، بۇ كۈن يېتىپ كەلمەيدۇ. 4خۇداغا قارشى چىققۇچى خۇدا دەپ ئاتالغان ياكى كىشىلەر چوقۇنىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىگە قارشى چىقىپ، ئۆزىنى ھەممىدىن ئۈستۈن قىلىپ كۆرسىتىدۇ، ھەتتا خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئولتۇرۇپ، ئۆزىنى خۇدا، دەپ جاكارلايدۇ.

5بۇلارنى مەن سىلەر بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىمدا ئېيتقانلىقىم ئېسىڭلاردا باردۇ؟ 6خۇداغا قارشى چىققۇچىنىڭ ئاشكارىلىنىشىنى ھازىرغىچە نېمىنىڭ توسۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىسىلەر. ئۇ پەقەت خۇدا بەلگىلىگەن ۋاقىتتا ئاشكارىلىنىدۇ. 78شەيتاننىڭ كۈچى ئاللىقاچان يوشۇرۇن ھەرىكەت قىلىشقا باشلىدى. لېكىن، بۇ كۈچنى توسۇپ كېلىۋاتقان توسالغۇ يۆتكىۋېتىلگەندىن كېيىنلا، خۇداغا قارشى چىققۇچى ئاشكارىلىنىدۇ. رەببىمىز ئەيسا مەسىھ بولسا ئۇنى بىر ئېغىز سۆز بىلەنلا ھالاك قىلىۋېتىدۇ ۋە يەر يۈزىگە كەلگەندىكى پارلاق نۇرى بىلەن ئۇنى يوقىتىدۇ.

9خۇداغا قارشى چىققۇچى شەيتاننىڭ كۈچى بىلەن كېلىپ، ھەر خىل كۈچ-قۇدرەت، ئادەم ئازدۇرىدىغان مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسىتىدۇ 10ھەمدە مەڭگۈلۈك ھالاكەتكە يۈزلەنگەنلەرنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن ھەر خىل ھىيلە-مىكىرلەرنى ئىشلىتىدۇ. ئۇلار مەڭگۈ ھالاك بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنى قۇتقۇزۇلۇشقا يېتەكلەيدىغان ھەقىقەتنى قوبۇل قىلمايدۇ. 11شۇ سەۋەبتىن، خۇدا ئۇلارغا ھەقىقەتتىن چەتنىتىدىغان بىر كۈچ ئەۋەتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار يالغان گەپلەرگە ئىشىنىدۇ. 12نەتىجىدە، ھەقىقەتكە ئىشەنمەي، يامان ئىشلارنى قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغانلارنىڭ ھەممىسى جازاغا مەھكۇم قىلىنىدۇ.

قەتئىي تەۋرەنمەڭلار

13ئەي، رەببىمىز سۆيگەن قېرىنداشلار، سىلەر ئۈچۈن ھەر دائىم خۇداغا شۈكۈر ئېيتىشنى بۇرچىمىز دەپ بىلىمىز. سەۋەبى، سىلەرنىڭ مۇقەددەس روھ تەرىپىدىن پاك قىلىنىشىڭلار ۋە ھەقىقەتكە ئىشىنىشىڭلار ئارقىلىق خۇدا سىلەرنى قۇتقۇزۇلۇشقا ئالدىن تاللىدى. 14خۇدا سىلەرنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ شان-شەرىپىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، بىز يەتكۈزگەن خۇش خەۋەر ئارقىلىق قۇتقۇزۇلۇشقا چاقىردى. 15شۇنىڭ ئۈچۈن، قېرىنداشلار، ئېتىقادىڭلاردا قەتئىي تەۋرەنمەڭلار، بىز سىلەرگە ئېغىزچە ياكى خەت ئارقىلىق يەتكۈزگەن تەلىمدە چىڭ تۇرۇڭلار!

16-17رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ۋە بىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەن، ئۆزىنىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن مەڭگۈلۈك رىغبەت ھەم گۈزەل ئۈمىد ئاتا قىلغان خۇدائاتىمىز سىلەرنى رىغبەتلەندۈرگەي ھەمدە سىلەرگە بارلىق ياخشى ئىش، ياخشى سۆزلەرنى قىلىشقا كۈچ-قۇدرەت بەرگەي!




3

بىز ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار

1قېرىنداشلار، سۆزىمىزنىڭ ئاخىرىدا بىز ئۈچۈن دۇئا قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز. رەببىمىز ھەققىدىكى خۇش خەۋەر خۇددى سىلەرگە يەتكەن چاغدىكىگە ئوخشاش، ھەرقانداق يەردە تېز تارقالسۇن ۋە ھۆرمەت بىلەن قوبۇل قىلىنسۇن. 2خۇدانىڭ بىزنى رەزىل ۋە يامان ئادەملەردىن قۇتۇلدۇرۇشى ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلىڭلار. چۈنكى، ھەممىلا ئادەم رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغىنى يوق. 3ئەمما، رەببىمىز ئىشەنچلىكتۇر. ئۇ سىلەرنى مۇستەھكەم قىلىدۇ ھەم شەيتاننىڭ يامانلىقلىرىدىن ساقلايدۇ. 4خۇدا سىلەرنىڭ بۇيرۇغانلىرىمىزنى قىلىۋاتقانلىقىڭلار ۋە داۋاملىق قىلىدىغانلىقىڭلار ھەققىدە بىزگە ئىشەنچ بەردى. 5رەببىمىز ئەيسا سىلەرنى خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشكە يېتەكلىگەي ۋە سىلەرنى ئۆزىگە ئوخشاش چىداملىق قىلغاي.

ئىشلىگەن چىشلەيدۇ

6قېرىنداشلار، بىزدىن ئالغان تەلىملەرگە رىئايە قىلماي، كۈن بويى لاغايلاپ يۈرگەنلەردىن يىراق تۇرۇشۇڭلارنى رەببمىز ئەيسانىڭ نامى بىلەن بۇيرۇيمىز. 7بىزدىن قانداق ئۈلگە ئېلىشىڭلار كېرەكلىكىنى ئۆزۈڭلار بىلىسىلەر. چۈنكى، بىز سىلەر بىلەن بىللە بولغاندا، ھۇرۇنلۇق قىلىپ، لاغايلاپ يۈرمىگەنىدۇق. 8ھېچكىمنىڭ نېنىنى بىكارغا يېمىگەنىدۇق. بىز ھېچقايسىڭلارغا ئېغىرىمىزنى سالماسلىق ئۈچۈن، تىرىشىپ-تىرمىشىپ، كېچە-كۈندۈزلەپ ئىشلىگەنىدۇق. 9بۇنداق قىلىشىمىز، سىلەردىن ياردەم سوراشقا ھەقلىق بولمىغانلىقىمىزدىن ئەمەس، بەلكى سىلەرگە ياخشى ئۈلگە قالدۇرۇش ئۈچۈن ئىدى. 10بىز سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا بولغىنىمىزدا، سىلەرگە: «ئىشلىمىگەن چىشلىمەيدۇ!» دېگەنىدۇق. 11لېكىن، ئاراڭلاردا بەزىلەرنىڭ ھېچ ئىش قىلماي لاغايلاپ يۈرگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق. ئۇلار بىكارچىلىقتا باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ يۈرۈپتۇ. 12بۇنداقلارغا رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ نامى بىلەن شۇنداق بۇيرۇيمىز ۋە ئۇلاردىن ئۆتۈنۈپ سورايمىزكى، تىنچ ياشاپ، ئەمگىكىڭلار بىلەن نان تېپىپ يەڭلار. 13لېكىن سىلەر، قېرىنداشلار، ياخشى ئىشلارنى قىلىشتىن بوشاشماڭلار. 14ئەگەر ئۇشبۇ خېتىمىزدىكى سۆزلەرنى قوبۇل قىلمايدىغانلار بولسا، ئۇلاردىن ھەزەر ئەيلەڭلار، ئۇلارنى ئۇيالدۇرۇش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن ئارىلاشماڭلار. 15بىراق، ئۇلارنى دۈشمەن قاتارىدا كۆرمەي، ئەكسىچە ئۇلارغا بىر قېرىنداش سۈپىتىدە نەسىھەت قىلىڭلار.

تىلەكلەر

16ئامانلىقنىڭ مەنبەسى بولغان رەببىمىز ھەر ۋاقىت ھەر جايدا سىلەرگە ئامانلىق ئاتا قىلغاي. رەببىمىز ھەممىڭلار بىلەن بىللە بولغاي!

17مەنكى پاۋلۇس بۇ ئاخىرقى سالىمىمنى ئۆز قولۇم بىلەن يازدىم. بۇ، مېنىڭ ھەممە خەتلىرىمنىڭ ئۆزىگە خاس بەلگىسىدۇر. مانا بۇ، مېنىڭ ئۆز قەلىمىمدۇر. 18رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى ھەممىڭلارغا يار بولغاي!