رۇت


1

ئەلىمەلەك ئائىلىسىنىڭ موئاب ئېلىگە بېرىشى

1-2 ئىسرائىلىيەگە ھاكىملار ھۆكۈمرانلىق قىلغان چاغلاردا، دۆلەت ئىچىدە قەھەتچىلىك يۈز بەردى. ئۇ چاغدا يەھۇدا زېمىنىنىڭ ئەفراتا رايونىدىكى بەيتلەھەم شەھىرىدە ئەلىمەلەك ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى. ئۇ يۇرتىدىن ئايرىلىپ، خوتۇنى نائومى شۇنداقلا ماھلون ۋە كىليون ئىسىملىك ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ، موئاب ئېلىگە بېرىپ، ئۇ يەردە ۋاقىتلىق تۇردى. ئۇلار ئۇ يەردىكى ۋاقتىدا

3 ئەلىمەلەك ئالەمدىن ئۆتۈپ، نائومى ئىككى ئوغلى بىلەن قالدى.

4 ئىككى ئوغلى موئاب يۇرتىنىڭ قىزلىرىدىن ئورپا ۋە رۇتلارغا ئۆيلەندى. ئۇلار ئۇ يەردە ئون يىلچە ياشىغاندىن كېيىن،

5 ماھلون ۋە كىليونلارمۇ ۋاپات بولۇپ، نائومى پەرزەنتسىز تۇل بولۇپ قالدى.

نائومى بىلەن رۇتنىڭ بەيتلەھەمگە قايتىپ كېلىشى

6 نائومى موئابتا تۇرغان ۋاقتىدا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خەلقىگە بەخت ئاتا قىلىپ، ئۇلارغا مول ھوسۇل بەرگەنلىكىنى ئاڭلاپ، يۇرتىغا قايتماقچى بولدى.

7 ئۇ ئىككى كېلىنى بىلەن بىللە بۇرۇن تۇرغان ماكانىدىن ئايرىلىپ، يەھۇدا زېمىنىغا قاراپ مېڭىش يولىدا

8 ئىككى كېلىنىگە:

_ سىلەر ئەمدى ئاناڭلارنىڭكىگە قايتىپ كەتسەڭلار. سىلەر ماڭا ۋە مەرھۇملىرىڭلارغا ياخشى قارىغىنىڭلاردەك، پەرۋەردىگارمۇ سىلەرگە ياخشىلىق ئاتا قىلغاي.

9 پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ يەنە نىكاھلىنىپ، ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇپ، ئامانلىقتا ياشىشىڭلارنى نېسىپ قىلسۇن، _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن نائومى ئۇلارنى سۆيۈپ قويدى، لېكىن ئىككى كېلىن:

10 _ ياق! بىز سىز بىلەن بىللە ئۆز خەلقىڭىزنىڭ يېنىغا كېتىمىز، _ دەپ ئۈن سېلىپ، يىغلىشىپ كېتىشتى.

11 بىراق نائومى:

_ قىزلىرىم، قايتىپ كېتىڭلار! نېمىشقا مەن بىلەن كېتىسىلەر؟ ئويلاپ بېقىڭلار، مەن يەنە سىلەرگە ئەر بولىدىغان ئوغۇل تۇغالامدىمەن؟

12 قايتىپ كېتىڭلار، قىزلىرىم، مېڭىڭلار! مېنىڭ يېشىم نىكاھلىنىش يېشىدىن ئۆتۈپ كەتتى. نىكاھلىنىشقا ئازراق ئۈمىدنىمۇ بار دەيلى، ئەگەر مەن بۈگۈنلا بىرسىگە تېگىپ، ئوغۇللۇق بولدۇممۇ دەيلى،

13 سىلەر ئۇ ئوغۇللار بالاغەتكە يەتكۈچە كۈتۈپ تۇرالامسىلەر؟ سىلەر باشقا ئەرگە تەگمەي ئۇلارنى كۈتەلەمسىلەر؟ ياق! قىزلىرىم، بۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. مېنى خۇدا ئۇردى. خۇدانىڭ ماڭا ئاتا قىلغان شور پېشانىلىكىنى سىلەر تارتساڭلار توغرا بولمايدۇ، _ دېدى.

14 ئۇلار يەنە قاتتىق يىغلاشتى. ئورپا قېينانىسىنى سۆيۈپ قويۇپ كەتتى. لېكىن رۇت قېينانىسىنى چىڭ قۇچاقلىدى.

15 نائومى ئۇنىڭغا:

_ رۇت، كېلىن سىڭلىڭ ئۆز خەلقىنىڭ ۋە ئىلاھىنىڭ يېنىغا كەتتى. سەنمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن قايتقىن! _ دېدى.

16 بىراق رۇت:

_ مېنى سىزدىن تېنىپ قېشىڭىزدىن كېتىشكە زورلىماڭ. سىز نەگە بارسىڭىز، مەنمۇ شۇ يەرگە بارىمەن. سىز نەدە تۇرسىڭىز، مەنمۇ شۇ يەردە تۇرىمەن. سىزنىڭ خەلقىڭىز مېنىڭمۇ خەلقىم. سىزنىڭ خۇدايىڭىز مېنىڭمۇ خۇدايىم.

17 سىز قەيەردە ئۆلسىڭىز، مەنمۇ شۇ يەردە ئۆلىمەن ۋە شۇ يەرگە كۆمۈلىمەن. ئۆلۈمدىن باشقا ھېچقانداق نەرسە بىزنى ئايرىۋېتەلمەيدۇ! ئەگەر مەن بۇ قەسىمىمگە ئەمەل قىلمىسام، پەرۋەردىگار مېنى قاتتىق جازالىسۇن، _ دېدى.

18 رۇتنىڭ ئۆزى بىلەن بىللە كېتىشنى شۇنچىلىق كۈچلۈك تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن نائومى ئۇنى قايتا زورلىمىدى.

19 ئۇلار بىللە مېڭىپ بەيتلەھەمگە باردى. ئۇلار يېتىپ بارغاندا، پۈتۈن شەھەر خەلقى ھاياجانغا چۆمدى. ئاياللار ئەجەبلىنىپ، بىر-بىرىگە:

_ ئۇ راستتىنلا نائومىمىدۇ؟ _ دېيىشتى.

20 نائومى:

_ مېنى نائومى [مەنىسى «يېقىملىق»] دېمەي، مارا [مەنىسى «ئاچچىق»] دەڭلار! _ دېدى. ئۇ يەنە ئۇلارغا:

_ ھەممىگە قادىر خۇدا مېنى شور پېشانە قىلدى.

21 مەن يۇرتۇمدىن كەتكىنىمدە بەختلىك ئىدىم، لېكىن ھازىر پەرۋەردىگار مېنى ھەممىدىن مەھرۇم قىلدى. پەرۋەردىگار مېنى ئەيىبلىدى، ھەممىگە قادىر خۇدا ماڭا كۈلپەت سالدى. شۇنداق تۇرسا، سىلەر مېنى نېمىشقا يەنە نائومى دەپ ئاتايسىلەر!؟ _ دېدى.

22 شۇ تەرىقىدە نائومى ۋە ئۇنىڭ موئابلىق كېلىنى رۇت موئابتىن قايتىپ كەلدى. ئۇلار بەيتلەھەمگە يېتىپ كەلگەندە، ئارپا ئورمىسى ئەمدى باشلانغانىدى. 


2

رۇتنىڭ بوئازنىڭ ئېتىزىدا باشاق تېرىشى

1 نائومىنىڭ بوئاز ئىسىملىك باي ھەم ئابرۇيلۇق بىر تۇغقىنى بار بولۇپ، ئۇ نائومىنىڭ ئېرى ئەلىمەلەكنىڭ جەمەتىدىن ئىدى.

# نائومىنىڭ ئېرى ئەلىمەلەكنىڭ جەمەتىدىن بوئاز ئىسىملىك بىر تۇغقىنى بار بولۇپ، ئۇ باي ھەم ئابرۇيلۇق ئادەم ئىدى. #

2 بىر كۈنى رۇت نائومىغا:

_ مېنىڭ ئېتىزغا بېرىپ باشاق تېرىشىمگە ماقۇل بولسىڭىز، بېشىمنى سىلايدىغان بىرەر كىشىنىڭ كەينىدە ئىشلەي، _ دېدى.

_ مەيلى، بارغىن، قىزىم، _ دېدى نائومى.

3 رۇت ئېتىزغا بېرىپ، ئورمىچىلارنىڭ كەينىدىن مېڭىپ، چېچىلىپ كەتكەن ئارپا باشاقلىرىنى تەردى. بۇ ئېتىز دەل بوئازنىڭ ئىدى.

4 رۇت ئېتىزدا باشاق تېرىۋاتقاندا، بوئاز بەيتلەھەمدىن كەلدى. ئۇ ئورمىچىلارغا:

_ پەرۋەردىگار سىلەر بىلەن بىللە بولغاي! _ دەپ سالام بەردى.

_ پەرۋەردىگار سىزگە بەخت ئاتا قىلغاي! _ دەپ سالام قايتۇردى ئۇلار.

5 بوئاز ئورمىچىلارغا مەسئۇل كىشىدىن:

_ ئاۋۇ كىمنىڭ قىزى ئىكەن؟ _ دەپ سورىدى.

6 ئۇ:

_ ئۇ موئابلىق قىز ئىكەن، نائومى بىلەن بىللە موئابتىن كەپتۇ.

7 ئۇ مەندىن ئورمىچىلارنىڭ كەينىدىن مېڭىپ، باغلاملارنىڭ ئارىسىدىن يەرگە چېچىلىپ كەتكەن باشاقلارنى تېرىۋېلىشنى تەلەپ قىلغانىدى. سەھەردىن بېرى ئىشلەپ، كەپىدە پەقەت بىر ئاز ئارام ئېلىپ، يەنە ئىشلەۋاتىدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى.

8 بوئاز رۇتنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭغا:

_ ئەي قىزىم، گېپىمگە قۇلاق سال! سەن باشاقنى باشقىلارنىڭ ئېتىزلىرىغا بېرىپ تەرمەي، بۇ يەردە قېلىپ، ئايال خىزمەتكارلىرىمنىڭ قېشىدا تەرگىن.

9 ئەر خىزمەتكارلىرىم قەيەردە ئورما ئورسا، سەن ئايال خىزمەتكارلىرىم بىلەن بىللە ئاشۇ يەرگە بار. ئەر ئورمىچىلىرىمغا سېنى بوزەك قىلماسلىقنى تاپىلايمەن. ئۇسسىساڭ، ئۇلار توشقۇزۇپ قويغان كومزەكلەردىن سۇ ئېلىپ ئىچكىن، _ دېدى.

10 رۇت بوئازنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ، بېشىنى يەرگە تەگكۈزۈپ:

_ مەن بىر مۇساپىر تۇرسام، نېمىشقا بېشىمنى سىلاپ، بۇنچىۋالا غەمخورلۇق قىلىسىز؟ _ دېدى.

11 بوئاز ئۇنىڭغا:

_ سەن تۇل قالغاندىن كېيىن قېيناناڭغا قىلغان ۋاپادارلىقىڭنى ئاڭلىغانىدىم. سېنىڭ ئاتا-ئاناڭ ۋە ئۆز يۇرتۇڭدىن قانداق ئايرىلىپ، بۇ يات خەلق ئىچىگە قانداقچە كېلىپ قالغانلىقىڭدىن تولۇق خەۋىرىم بار.

12 پەرۋەردىگار قىلغان ياخشىلىقلىرىڭنى ئۆزۈڭگە ياندۇرغاي. سەن قانىتى ئاستىدا پاناھلىق ئىزدىگەن ئىسرائىللارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ساڭا مول ئىلتىپاتىنى ياغدۇرغاي، _ دېدى.

13 رۇت ئۇنىڭغا:

_ خوجام، سىز ماڭا بەك چوڭ ياخشىلىق قىلدىڭىز، گەرچە مەن سىزنىڭ دېدەكلىرىڭىزدىن بولمىساممۇ، ماڭا شۇنداق مۇلايىم سۆزلەرنى قىلىپ، كۆڭلۈمگە تەسەللى بەردىڭىز، _ دەپ جاۋاب قايتۇردى.

14 تاماق ۋاقتى بولغاندا، بوئاز رۇتقا:

_ قېنى، كەلگىن، نانغا ئېغىز تەگكىن. ئاچچىقسۇغا تەگكۈزۈپ يېگىن، _ دېدى.

رۇت ئورمىچىلار بىلەن بىللە ئولتۇردى. بوئاز ئۇنىڭغا قوماچتىن ئېلىپ بەردى. ئۇ تويغۇچە يېدى ۋە ئاشۇرۇپ قويدى.

15 رۇت ئورنىدىن تۇرۇپ يەنە باشاق تەرگىلى كەتكەندە، بوئاز ئەر ئورمىچىلىرىغا:

_ ئۇ ئورۇلغان باغلاملارنىڭ ئارىسىدا يۈرۈپ تەرسىمۇ توسماڭلار ۋە ئازار بەرمەڭلار.

16 ھەتتا ئۇنىڭ ئۈچۈن باغلاملاردىن ئازراق سۇغۇرۇپ چىقىرىپ قويۇڭلار. ئۇنى ئەيىبلىمەڭلار، _ دەپ تاپىلىدى.

17 شۇنىڭ بىلەن رۇت كەچ كىرگۈچە ئېتىزدا ئىشلىدى. ئۇ تېرىپ كەلگەن باشاقلارنى سوققاندا، يېرىم خالتا دېگۈدەك دان چىقتى.

18 رۇت ئارپىسىنى ئېلىپ، شەھەرگە قايتىپ كەلگەندە، قېينانىسى ئۇنىڭ تەرگەن ئارپىسىنى كۆردى. رۇت ئېشىپ قالغان تامىقىنى ئېلىپ ئۇنىڭغا بەردى.

19 نائومى ئۇنىڭغا:

_ بۇنچىۋالا كۆپ ئارپىنى قەيەردىن تېرىپ كەلدىڭ؟ سەن كىمنىڭ ئېتىزىدا ئىش قىلدىڭ؟ ساڭا غەمخورلۇق قىلغان شۇ كىشىگە خۇدا رەھمەت قىلسۇن! _ دېدى.

رۇت قېينانىسىغا ئۆزىنىڭ بوئازنىڭ ئېتىزىدا ئىشلىگەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى.

20 نائومى روھلانغان ھالدا:

_ ­­­­ھايات بىزلەرگە مېھىر-شەپقىتىنى كۆرسىتىش بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن ئەرلىرىمىزگە سادىق بولغان بوئازغا پەرۋەردىگار زور بەخت ياغدۇرسۇن! _ دەپ دۇئا قىلدى. ئۇ يەنە:

_ ئۇ كىشى بىزنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىمىزنىڭ بىرى بولىدۇ. ئۇنىڭ بىزگە قاراش مەسئۇلىيىتىى بار، _ دېدى.

21 _ يەنە مېنىڭ تاكى ئورما ئاياغلاشقۇچە ئۆز ئورمىچىلىرىنىڭ كەينىدىن باشاق تېرىشىمگە رۇخسەت بەردى، _ دېدى رۇت.

22 نائومى كېلىنىگە:

_ شۇنداق قىلغىن، قىزىم! بوئازنىڭ ئايال خىزمەتكارلىرى بىلەن بىللە ئىشلىگىن. ئەگەر باشقا كىشىلەرنىڭ ئېتىزلىرىغا بارساڭ، سېنى بوزەك قىلىشى مۇمكىن، _ دېدى.

23 شۇنداق قىلىپ، رۇت ئارپا، بۇغدايلار ئورۇلۇپ بولغانغا قەدەر، بوئازنىڭ ئايال خىزمەتكارلىرى بىلەن بىللە باشاق تەردى. ئۇ قېينانىسى بىلەن بىللە تۇرىۋەردى. 


3

رۇتنىڭ خامانغا بېرىپ، بوئاز بىلەن كۆرۈشۈشى

1 بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، نائومى كېلىنى رۇتقا:

_ ھەي قىزىم، مەن ساڭا باشپاناھ بولىدىغان بىر ئەر تاپاي. سەن ئەمدى ئۆي-ئوچاقلىق بولۇپ قالغىن.

2 سەن ئايال خىزمەتكارلىرى بىلەن بىللە ئىشلىگەن بوئازنىڭ بىزگە تۇغقان ئىكەنلىكىنى بىلىسەنغۇ. سۆزۈمنى ئاڭلا! بۈگۈن كەچتە ئۇ خاماندا ئارپا سوقىدۇ.

3 سەن ئۈستى-بېشىڭنى يۇيۇپ، ئۆزۈڭگە ئەتىر چېچىپ، چىرايلىق كىيىملىرىڭنى كىيىپ، خامانغا بارغىن. لېكىن ئۇ يەپ-ئىچىپ بولغۇچە، سېنىڭ ئۇ يەرگە بارغانلىقىڭنى تۇيۇپ قالمىسۇن.

4 ئۇنىڭ ياتىدىغان يېرىنى كۆرۈۋال. ئۇ يېتىپ بولغاندا، چاندۇرماي بېرىپ، يوتقىنىنى ئېچىپ، ئۇنىڭ ئاياغ تەرىپىدە يېتىۋالساڭ، ئۇ ساڭا نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتىدۇ، _ دېدى.

5 _ سىز نېمە دېسىڭىز مەن شۇنى قىلىمەن، _ دەپ جاۋاب قايتۇردى رۇت.

6 شۇنىڭ بىلەن رۇت خامانغا بېرىپ، قېينانىسىنىڭ دېگىنىدەك قىلدى.

7 بوئاز يەپ-ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، كۆڭلى ئازادە بولۇپ راھەتلەندى ۋە خامان دۆۋىسىنىڭ كەينىدە يېتىپ، ئۇيقۇغا كەتتى. رۇت شەپە چىقارماي، يوتقىنىنىڭ ئاياغ تەرىپىنى ئېچىپ قويۇپ، شۇ يەردە ياتتى.

8 تۈن يېرىم بولغاندا بوئاز مۇزلاپ كەتكەنلىكتىن ئويغىنىپ، ئالدىغا ئېڭىشكەندە ئاياغ تەرىپىدە بىر ئايالنىڭ ياتقىنىنى كۆرۈپ، ھەيران بولۇپ:

9 _ سەن كىم؟ _ دەپ سورىدى.

ئۇ:

_ بۇ مەن، رۇت، چاكىرىڭىز. سىز ماڭا قاراش مەسئۇلىيىتى بار بولغان يېقىن تۇغقىنىم. شۇڭا ماڭا قانىتىڭىزنى سايە قىلىپ، مېنى ئەمرىڭىزگە ئالسىڭىز! _ دېدى.

10 بوئاز ئۇنىڭغا:

_ ئەي قىزىم، پەرۋەردىگار ساڭا كۆپ بەخت ئاتا قىلسۇن! سېنىڭ ھازىر ئېرىڭنىڭ جەمەتىگە كۆرسىتىۋاتقان ساداقىتىڭ بۇرۇن كۆرسەتكەن ساداقىتىڭدىنمۇ ئارتۇقتۇر. چۈنكى سەن پۇلى بولسۇن-بولمىسۇن بىر ياشنى تاپالايتتىڭ، لېكىن ئۇنداق قىلمىدىڭ.

11 قىزىم، غەم قىلما! سېنىڭ تەلەپ قىلغانلىرىڭنىڭ ھەممىسىنى مەن ئورۇنداپ بېرىمەن، چۈنكى شەھەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى سېنىڭ بىر ياخشى ئايال ئىكەنلىكىڭنى بىلىدۇ.

12 مەن ھەقىقەتەن سېنىڭ يېقىن تۇغقىنىڭ، بىراق بىلگىنكى، ساڭا مەندىنمۇ يېقىن يەنە بىر ئادەم بار.

13 بۈگۈن كېچە بۇ يەردە قال. ئەتە سەھەردە مەن ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۇنىڭ ساڭا تۇغقانلىق ھەققىنى ئۆتەشنى خالايدىغان-خالىمايدىغانلىقىنى بىلىپ باقاي. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇرچىنى ئادا قىلىپ، سېنى ئالسا، ياخشى بولغىنى؛ ئەگەر خالىمىسا، مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، سېنى ئۆزۈم ئەمرىمگە ئېلىپ، بۇ بۇرچنى ئادا قىلىمەن. ئەمدى سەن تاڭ ئاتقۇچە بۇ يەردە يېتىپ تۇر! _ دېدى.

14 رۇت ئۇنىڭ ئاياغ تەرىپىدە ياتتى. لېكىن تاڭ سۈزۈلۈشتىن بۇرۇن ئورنىدىن تۇردى، چۈنكى بوئاز ئۇنىڭ بۇ يەرگە كەلگەنلىكىنى باشقىلارنىڭ بىلىپ قېلىشىنى خالىمايتتى.

15 بوئازمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭغا:

_ يېپىنچاڭنى ئېچىپ تۇتۇپ تۇر، _ دېدى.

ئۇ شۇنداق قىلدى. بوئاز ئۇنىڭغا ئىككى خالتا دېگۈدەك ئارپىنى ئۇسۇپ، مۈرىسىگە ئارتىپ قويۇپ، ئۆزى شەھەرگە كەتتى.

16 رۇت ئۆيىگە قايتىپ بارغىنىدا، قېينانىسى ئۇنىڭدىن:

_ ئىشلىرىڭ قانداق بولدى، قىزىم؟ _ دەپ سورىدى.

رۇت بوئازنىڭ ئۆزىگە قىلغانلىرىنى قېينانىسىغا ئېيتىپ بەردى.

17 _ ئۇ مېنى سىزنىڭ ئالدىڭىزغا قۇرۇق قول قايتمىسۇن دەپ، بۇ يېپىنچىدىكى ئارپىنى بەردى، _ دېدى رۇت.

18 نائومى ئۇنىڭغا:

_ بۇ ئىشلارنىڭ ئاخىرى چىققۇچە، بۇ جايدا تەخىر قىلىپ تۇرغىن. بوئاز بۈگۈن بۇ ئىشلارنى پۈتكۈزمەي بولدى قىلمايدۇ، _ دېدى. 


4

بوئازنىڭ رۇتنى نىكاھىغا ئېلىشى

1 بۇ ئارىدا بوئاز شەھەر دەرۋازىسىغا بېرىپ، ئۇ يەردە ئولتۇردى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆزى ئېيتقان ئەلىمەلەكنىڭ ئەڭ يېقىن تۇغقىنىمۇ ئۇ يەردىن ئۆتۈپ قالدى. بوئاز ئۇنىڭغا:

_ بۇرادەر، بۇ يەرگە كېلىپ ئولتۇر! _ دەپ چاقىردى، ئۇ كېلىپ ئولتۇردى.

2 بوئاز يەنە شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرىدىن ئون نەپىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنىمۇ بۇ يەردە ئولتۇرغۇزدى. كۆپچىلىك ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن،

3 ئۇ ھېلىقى تۇغقىنىغا:

_ بۇرادىرىمىز ئەلىمەلەكنىڭ ئايالى نائومى موئابتىن قايتىپ كېلىپ، ئۆزلىرىگە تەۋە زېمىنىنى ساتماقچى بولۇۋاتىدۇ.

4 شۇڭا سېنى بۇ ئىشتىن خەۋەرلەندۈرمەكچىدىم. ئەگەر سەن بۇ يەرنى ئېلىشنى خالىساڭ، مۇشۇ يەردە ئولتۇرغان ئاقساقاللار ۋە خەلقىئالەم ئالدىدا ئالغىن. ئەگەر خالىمىساڭمۇ مەيلى، ئوچۇق ئېيتقىن، بۇنى مېنىڭ بىلىشىم كېرەك، چۈنكى ئالدى بىلەن سېنىڭ ئېلىش ھوقۇقۇڭ بار. ئاندىن كېيىن نۆۋەت ماڭا كېلىدۇ، _ دېدى.

ھېلىقى تۇغقىنى:

_ ئالىمەن، _ دېدى.

5 بوئاز ئۇنىڭغا:

_ خوپ! ئەگەر سەن ئۇ زېمىننى نائومىدىن ئالساڭ، مەرھۇمنىڭ موئابلىق تۇل خوتۇنى رۇتنىمۇ ئېلىپ، مەرھۇمنىڭ نامىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئەۋلاد قالدۇرۇپ، ئەۋلادىغا بۇ يەرنى مىراس قىلىشىڭ كېرەك، _ دېدى.

6 ئۇ كىشى:

_ ئۇنداقتا بۇ يەرنى ئېلىش ھوقۇقۇمدىن ۋاز كېچىمەن، چۈنكى بالىلىرىمغا قالىدىغان مىراس بۆلۈنۈپ كېتىدىكەن. سەن ئالغىن! مەن ئالالمايمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى.

7 ئەينى ۋاقىتلاردا ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ مال-مۈلۈك، سودا-سېتىق ئىشلىرىدا مۇنداق بىر ئادەت بار ئىدى. ئۇ بولسىمۇ ساتقۇچى ئۆز كەشىنى يېشىپ، ئالغۇچىغا بېرەتتى. ئۇلار سودا-سېتىقنىڭ پۈتكەنلىكىنى مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن ئىپادىلەيتتى.

8 شۇڭا ئۇ كىشى بوئازغا:

_ سەن ئالغىن! _ دەپ كەشىنى سېلىپ، بوئازغا بەردى.

9 بوئاز ئۇ يەردىكى ئاقساقاللار ھەم جامائەتكە:

_ ئەي جامائەت، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار! بۈگۈن ھەممىڭلار گۇۋاھچى، مەن نائومىدىن ئەلىمەلەكنىڭ مىراسى يەنى كىليون بىلەن ماھلونغا تەۋە بولغان يەر-زېمىنلارنى ئۆزۈمنىڭ ئىلكىمگە ئالىمەن.

10 شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆلگەن كىشىنىڭ مىراسىغا ۋارىس قالدۇرۇش ئۈچۈن ھەم ئۇنىڭ نامىنىڭ بۇرادەرلىرى ئارىسىدا ئۇنتۇلۇپ قېلىپ، ئۆز يۇرتى ئىچىدە ئۆچمەسلىكى ئۈچۈن، مەرھۇم ماھلوننىڭ ئايالى موئابلىق رۇتنىمۇ ئەمرىمگە ئالىمەن. بۈگۈن سىلەر بۇ ئىشلارغا گۇۋاھچى بولغايسىلەر، _ دېدى.

11 دەرۋازىنىڭ يېنىدىكى ئاقساقاللار ۋە جامائەت:

_ شۇنداق، بىز گۇۋاھچىدۇرمىز. پەرۋەردىگار ياقۇپنىڭ ئاياللىرى راھىلە بىلەن لېياھقا نۇرغۇن پەرزەنت بەرگىنىدەك، خوتۇنۇڭ رۇتقىمۇ كۆپ پەرزەنت ئاتا قىلغاي. ئەفراتادا باي بولغايسەن. بەيتلەھەمدە نامىڭ ئىززەت-ئابرۇي تاپقاي.

12 پەرۋەردىگار بۇ ياش ئايالدىن ساڭا نۇرغۇن ئەۋلاد ئاتا قىلغاي، ئۇرۇق-جەمەتىڭنى تامارنىڭ يەھۇداغا تۇغۇپ بەرگەن ئوغلى پارەسنىڭ جەمەتىگە ئوخشاش ئاۋات قىلغاي، _ دەپ دۇئا قىلىشتى.

پادىشاھ­ داۋۇت بوئاز بىلەن رۇتنىڭ ئەۋلادىدۇر

13 شۇنداق قىلىپ بوئاز رۇتنى ئەمرىگە ئېلىپ، ئۇلار بىر تەكىيىگە باش قويدى. پەرۋەردىگارنىڭ قۇدرىتى بىلەن رۇت ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى.

14 شەھەردىكى ئاياللار نائومىغا:

_ پەرۋەردىگارغا مەدھىيىلەر ئوقۇلسۇن! ئۇ بۈگۈن سىزگە تايانچ بولىدىغان بىر نەۋرە ئاتا قىلدى. ئۇنىڭ نامى ئىسرائىلىيەدە ئىززەت-ئابرۇي تاپسۇن.

15 سىز ئۈچۈن يەتتە ئوغۇلدىنمۇ ئەۋزەل كېلىنىڭىز سىزگە ياخشى قارىدى، ھازىر ئۇ سىزگە بىر نەۋرە تۇغۇپ بەردى. بۇ نەۋرىڭىز سىزنىڭ قولىڭىزغا قول، پۇتىڭىزغا پۇت بولۇپ، ياشانغان ۋاقتىڭىزدا تايانچىڭىز بولىدۇ، _ دېيىشتى.

16 نائومى بۇ بالىنى قولىغا ئېلىپ، باغرىغا چىڭ باستى ۋە ئۇنىڭ باققۇچى چوڭ ئانىسى بولدى.

17 قوشنا ئاياللار بەس-بەستە:

_ نائومى بىر ئوغۇل نەۋرىلىك بولدى! _ دېيىشىپ، بالىغا ئوبىد دەپ ئات قويدى.

ئوبىد بولسا يىشاينىڭ ئاتىسى ئىدى. يىشاي بولسا پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئاتىسى ئىدى.

18-22 پارەستىن داۋۇتقىچە بولغانلارنىڭ نەسەبنامىسى: پارەس ھېسروننىڭ ئاتىسى، ھېسرون رامنىڭ ئاتىسى، رام ئاممىنادابنىڭ ئاتىسى، ئاممىناداب ناھشوننىڭ ئاتىسى، ناھشون سالموننىڭ ئاتىسى، سالمون بوئازنىڭ ئاتىسى، بوئاز ئوبىدنىڭ ئاتىسى، ئوبىد يىشاينىڭ ئاتىسى، يىشاي بولسا داۋۇتنىڭ ئاتىسىدۇر.




تەبىرلەر

باشاق تېرىش _ تەۋرات قانۇنى بويىچە نامرات كىشىلەر ۋە ياقا يۇرتلۇقلارنىڭ ئورمىچىنىڭ ئارقىسىدىن چېچىلىپ كەتكەن دان باشاقلارنى تېرىشى رۇخسەت قىلىناتتى (تەۋرات «لاۋىيلار» 19-باب 9-ئايەتتىن 10-ئايەتكىچە قارالسۇن).

شەھەر دەرۋازىسى _ قەدىمكى ئىسرائىلىيەنىڭ شەھەر دەرۋازىسى يېنىدا سوت ئاچىدىغان، ھۆكۈم ۋە خەۋەرلەرنى جاكارلايدىغان، سودا-سېتىق ئېلىپ بارىدىغان يەرنى كۆرسىتىدۇ.

موئابىيلار _ ئىسرائىلىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا ياشىغان خەلق بولۇپ، تارىختا ئىسرائىللار بىلەن قوشنا ئەل بولۇپ ئۆتكەن. ئۇلار ئىبراھىم پەيغەمبەرنىڭ جىيەن ئوغلى لۇتنىڭ ئەۋلادىدۇر (تەۋرات «ئالەمنىڭ يارىتىلىشى» 19-باب 30-ئايەتتىن 38-ئايەتكىچە قارالسۇن). موئابىيلار بۇتپەرەسلەر بولۇپ، كېموش دەپ ئاتىلىدىغان ئىلاھقا ئىبادەت قىلاتتى. ئۇلار ئۆتمۈشتە كۆپ چاغلاردا ئىسرائىللارغا دۈشمەن بولۇپ كەلگەنىدى.

يېقىن تۇغقاننىڭ مەسئۇلىيەتلىرى _ تەۋرات قانۇنى بويىچە، يېقىن قېرىندىشىنىڭ ئائىلىسى موھتاجلىقتا قالغاندا، ئەڭ يېقىن ئەر تۇغقىنىنىڭ مەسئۇلىيەتلىرى: قېرىندىشى نامراتلىقتا سېتىۋەتكەن يەرلەرنى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش؛ قېرىندىشى قۇل بولۇپ قالغان بولسا، ئۇنى قۇللىقتىن ئازاد قىلىش؛ قېرىندىشى تۈگەپ كېتىپ ئايالى تۇل قالغان بولسا، ئۇنى ئەمرىگە ئېلىپ، ئەۋلاد قالدۇرۇپ، قېرىندىشىنىڭ نامىنى ساقلاپ قېلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (تەۋرات «لاۋىيلار» 25-باب 24-ئايەتتىن 34-ئايەتكىچە ۋە 47-ئايەتتىن 55-ئايەتكىچە، شۇنداقلا «قانۇننىڭ تەكرارى» 25-باب 5-ئايەتتىن 10-ئايەتكىچە قارالسۇن).